\id ZEP \h زەفانىيا \toc1 زەفانىيا \toc2 زەفانىيا \toc3 زەف. \mt1 زەفانىيا \c 1 \m \v 1 ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ \b \m \s1 سوراققا تارتىشنىڭ ئومۇمىيلىقى \m \v 2 مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \m \v 3 ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن، \m ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى، \m بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن، \m ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 1:3 \xt يار. 6‏:7\x* \b \m \s1 يەھۇدانىڭ سوراققا تارتىلىشى \m \v 4 ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە، \m بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛ \m مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، \m «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن»\+bd* ــ «بائال» پەلەستىندىكىلەر چوقۇنىدىغان بىر بۇت ئىدى. «بائالنىڭ قالدۇقى» «بائال» دېگەن بۇتقا چوقۇنغانلاردىن قېلىپ قالغان كىشىلەر. \fp «كاھىنلار» دېگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەخسۇس «قۇربانلىق قىلغۇچىلار». \fp «قېمار»لار بولسا ئۆزلىرىنى بۇتلارغا بېغىشلىغان «قۇربانلىق قىلغۇچىلار» ئىدى («2پاد.» 23:23، «ھوش.» 5:10نى كۆرۈڭ). خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئادەملەر بولسا، «خۇدا «قېمار»لارنى يوقىتىشى مۇقەررەر» دەپ ئويلىسا كېرەك. بىراق بۇ ئاخىرقى جۈملىدىن قارىغاندا «\+bd كاھىنلار\+bd*» بىرىنچى بولۇپ ئەيىبلەندى. سۆزگە قارىغاندا ئۇلارمۇ بۇتپەرەس بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇلار «قېمار»لاردىن تېخىمۇ ئەيىبلىك، «قېمىلار»غا نىسبەتەن ئۇلار ھەقىقەتنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 5 شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى، \m پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى،\f □ \fr 1:5 \ft \+bd ««مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلار...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ «مالكام» يەنە بىر بۇت.\f* \m \v 6 پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، \m پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن.\x + \xo 1:6 \xt يەش. 1‏:4؛ 59‏:13؛ يەر. 15‏:6\x* \m \v 7 رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، \m ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى»\+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدىكى قۇربانلىقلاردىن بەزىلىرىنى يېگىلى بولاتتى، قۇربانلىقلار سۇنۇلغاندا مېھمانلارنى چاقىرىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. بىراق 8-9-ئايەتكە قارىغاندا، مېھمانلارنىڭ ئۆزى بۇ «قۇربانلىق»نىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئۇلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇش»، مۇشۇ يەردە «ناپاك نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىش، يۇيۇش» ياكى «خۇداغا ئايرىۋېتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزى «قۇربانلىق» بولۇشقا «ھالال» بولىدۇ. «مېھمانلار»نىڭ كۆپىنچىسى بولسا خۇداغا قارشى چىققانلارنىڭ نۇرغۇن جەسەتلىرىنى يەيدىغان، شۇنداقلا ئەسلىدە «ھارام بولغان» قۇشلار ۋە ھايۋاناتلار بولىدۇ («يەش.» 6:34، «يەر.» 10:46، «ئەز.» 17:39-19نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، \m مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، زەفانىيا «پادىشاھنىڭ ئوغلى» ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. مۇشۇنداق «يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى (ئەجنەبىيچە كىيىمنى) كىيىۋېلىش» بەلكىم بۇتپەرەسلىككە ياكى تەكەببۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك گۇناھ بولسا كېرەك.\f* \m \v 9 شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، \m يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن»\+bd* ــ خۇدا مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇراپىيلىقنى ئەيىبلىگەن بولسا كېرەك. «ئۆي بوسۇغىسىنى دەسسمەسلىك كېرەك، يامان بولىدۇ» دېگەنلىك ئېنىق بىر مىسالدۇر. ئۇلار ئەسلىدىنلا تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇنغا خىلاپ بولغان مۇشۇنداق خۇراپىي ئۇششاق-چۈششەك قائىدىگە رىئايە قىلغىنى بىلەن، زۇلۇمنى ھېچۋەقەسى يوق دەپ قورقماي قىلىۋېرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:9 \xt 1سام. 5‏:4، 5.\x* \m \v 10 شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، \m «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، \m دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.\f □ \fr 1:10 \ft \+bd ««بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر...»\+bd* ــ «بېلىق دەرۋازىسى» ھەم «ئىككىنچى مەھەللە» يېرۇسالېمنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ باشقا ئۈچ تەرىپى تىك يار ئىدى، ھۇجۇم كەلسە دائىم شىمالىي تەرىپىدىن كېلەتتى.\f* \m \v 11 «ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ \m چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، \m كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!»\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، ...»\+bd* ــ بۇ بەلكىم كىنايىلىك گەپ. ئىبرانىي تىلىدا «سودىگەر» ۋە «قانائان» دېگەنلەر ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسرائىل خەلقى ئەسلى بۇتپەرەس بولغان «قانائان خەلقى»نى پەلەستىندىن (قانائاندىن) ھەيدىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىل ئۆزى ھازىر «خۇدانىڭ خەلقى» ئەمەس، بەلكى «سودىگەر خەلق» ھەم «بۇتپەرەس بىر خەلق» بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان سودىسىمۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ھارام ئوخشايدۇ.\f* \m \v 12 ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى، \m مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرىمەن، \m ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى، \m يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن.\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەر...»\+bd* ــ «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شاراب» شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 13 ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا، \m ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن، \m ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛ \m ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، \m ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ. \m \v 14 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ \m بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ \m ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! \m يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ. \x + \xo 1:14 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 9:8؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13\x* \m \v 15 شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، \m كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، \m ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، \m زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، \m بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن، \m \v 16 ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، \m كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «جەڭ ۋارقىراشلىرى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ».\f* \m \v 17 مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ \m ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ \m ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، \m ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛ \m \v 18 پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ \m بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.\f □ \fr 1:18 \ft \+bd «مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت»\+bd* ــ ياكى «مۇتلەق بىر ھالاكەت، چاقماقتەك بىر ھالاكەت».\f*  \x + \xo 1:18 \xt پەند. 11‏:4؛ ئ‍ەز. 7‏:19؛ زەف. 1‏:14-16\x* \b \b \m \c 2 \m \v 1 يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»،\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»»\+bd* ــ «يات ئەل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى خۇداغا نىسبەتەن بۇتپەرەس بىر يات ئەلگە ئوخشايدۇ، دېگەنلىك. ئۇلارنىڭ «يىغىلىشى» بەلكىم جامائەتتە بولۇپ دۇئا-تىلاۋەت بىلەن خۇدانى ئىزدەش ئۈچۈن بولسا كېرەك. ئىبرانىي تىلىدىكى «يىغىلىڭلار» دېگەن بۇ پېئىل ئادەتتە پەقەت «پاخال يىغىۋېلىش»نى كۆرسىتىدۇ، بۇ مۇشۇ يەردە ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىل پاخالدەك بىر خەلق، خۇدانىڭ ئوتىدا تېزلا كۆيدۈرۈلۈش خەتىرىدە تۇرىدۇ، دېگەنلىك (2-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 2 يارلىق چىققۇچە، \m كۈن توپاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكۈچە، \m پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىق غەزىپى ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، \m پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈن ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، \m \v 3 پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ \m ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ \m ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر.\x + \xo 2:3 \xt زەب. 27‏:5؛ 32‏:5-7\x* \b \m \s1 ئەللەرنىڭ سوراققا تارتىلىشى \m \v 4 چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، \m ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ \m ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ \m ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ شەھەرلەر فىلىستىيەدىكى بەش چوڭ شەھەرنىڭ تۆتى. ئۇلارنىڭ تەرتىپى شىمالدىن جەنۇبقا بولۇپ، ھۇجۇم شىمالىي تەرىپىدىن كېلىدىغان ئوخشايدۇ. «ئاشدودنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ» دېگەن جۈملە بەلكىم ھۇجۇم ئەتىگەندە باشلىنىپ چۈش بولغۇچە غەلىبىلىك تاماملىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى، ھۇجۇم چۈش ۋاقتىدا، يەنى ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا قىلىنىدۇ، «ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈشتە ھەيدىۋېتىدۇ» دېگەنلىك.\f* \m \v 5 دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي! \m پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر، ئى قانائان، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنى! \m ئاھالەڭ قالمىغۇچە مەن سېنى ھالاك قىلىمەن.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي!»\+bd* ــ بۇ سۆزمۇ فىلىستىيلەرگە قارىتىلغان. «قېرەتلەر» بەلكىم «كرېت»دىكىلەر دېگەن مەنىدە. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى (ئوتتۇرا دېڭىزدىكى) كرېت ئارىلى ئىدى.\f* \m \v 6 دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار، \m قوي پادىلىرى ئۈچۈن قوتانلار بولىدۇ؛ \m \v 7 دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ \m ئاشۇ يەردە ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ؛ \m ئاشكېلوننىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياتىدۇ، \m چۈنكى پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، \m ئۇلارنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلارنى يوقلاپ...» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 8 مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛ \m ئۇلار شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خەلقىمنى مازاق قىلىپ، \m ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى پايمال قىلىپ ماختىنىپ كەتتى. \m \v 9 شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، \m موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، \m ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ \m يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛ \m ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ، \m قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ.\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدا بولۇشى مۇمكىنكى، خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەن.\f* \m \v 10 ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ، \m چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مازاق قىلىپ ماختىنىپ كەتتى. \m \v 11 پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئەللەر، بارلىق چەت ئارالدىكىلەر ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. \m \v 12 ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر»\+bd* ــ بۇ بېشارەتتىن تەخمىنەن 80 يىلدىن كېيىن «كامبۇسىس II» ئېفىئوپىيەگە تاجاۋۇز قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-يىلى). بېشارەت بۇ ۋەقەنى ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى بىر ۋەقەنى كۆرسىتىشى كېرەك.\f* \m \v 13 ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، \m نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەتلەر (12-15-ئايەتلەر) زەفانىيانىڭ سۆزلىرىدىن پەقەت بىرنەچچە يىلدىن كىيىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى، بۈيۈك ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى پايتەختى نىنەۋە بىلەن بىللە پۈتۈنلەي بەربات قىلىندى. ئېفىئوپىيە باشقا يۇرتلاردىن يىراق بولسىمۇ، قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى (12-ئايەت). زەفانىيانىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» توغرۇلۇق بولغان بېشارەتلىرى ھەم باشقا بېشارەتلىرىنىمۇ بەرىبىر ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ بىلگەن بولدى.\f* \m \v 14 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى، \m شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ھەرخىللىرى ياتىدۇ؛ \m چۆل ھۇۋقۇشى، چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدا قونىدۇ؛ \m دېرىزىلىرىدىن سايراشلار ئاڭلىنىدۇ؛ \m بوسۇغىلىرىدا ۋەيرانىلىق تۇرىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ بۇنىڭ كېدىر ياغاچ نەقىشلىرىنى ئوچۇقچىلىقتا قالدۇرىدۇ؛ \m \v 15 مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر، \m كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ \m ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ! \m ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، \m قولىنى سىلكىيدۇ.\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ»\+bd* ــ بۇ ھەرىكەتلەر بەلكىم ھەيران بولغانلىق ياكى مازاق قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \b \m \c 3 \s1 يېرۇسالېمنىڭ سوراققا تارتىلىشى \m \v 1 ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! \m \v 2 ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛ \m پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! (1-ئايەت) ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغۇچى يېرۇسالېمدىكىلەر بەلكىم زەفانىيا يەنە ئاسۇرىيەنىڭ گۇناھلىرىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق كېيىنكى سۆزلىرىدىن ئاڭلىغۇچىلار تۇيۇقسىز: «ئۇنىڭ ئەيىبلىگىنى نىنەۋە ئەمەس، بەلكى بىز يېرۇسالېمدىكىلەر ئىكەنمىز!» دەپ ھەيران قالغان، شۇنداقلا خاپا بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. \fp «ئاۋاز»نىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى زەفانىيا پەيغەمبەر دېمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيادا ئاڭلىغۇدەك پەقەت بىرلا ئاۋاز بار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر.\f* \m \v 3 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، \m ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛\x + \xo 3:3 \xt پەند. 28‏:15؛ ئ‍ەز. 22‏:27\x* \m \v 4 ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ \m ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار، \m تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار»\+bd* ــ «پەيغەمبەرلىرى» ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. «كاھىنلار» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىملار.\f*  \x + \xo 3:4 \xt يەر. 23‏:11، 32؛ ھوش. 9‏:7. \x* \m \v 5 ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ \m ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛ \m ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛ \m ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛ \m بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇ (پەرۋەردىگار) ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلماي قالمايدۇ».\f*  \x + \xo 3:5 \xt قان. 32‏:4\x* \m \v 6 ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، \m ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛ \m كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛ \m شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر .... شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان»\+bd* ــ يات ئەللەر ئارىسىدىكى بۇ ۋەقەلەر، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلغا ساۋاق، ئاگاھ ۋە مىسال بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 7 مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. \m شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. \m بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ھەممە جازالىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ماكانى ھېچ ئۈزۈلمەيدۇ». \+bd «بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى»\+bd* ــ دېمەك، تىلغا ئېلىنغان «ھارام ئىشلار»نى قىلىشقا ناھايىتى ئالدىراۋاتقانىدى.\f* \b \m \s1 بارلىق ئەللەرنىڭ سوراققا تارتىلىشى \m \v 8 شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ \m چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش، \m پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، \m ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، \m ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. \m چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە...»\+bd* ــ «گۇۋاھچىلىق بېرىشكە...» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئوۋنى ئېلىشقا...».\f* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئەللەرنىڭ خۇدانىڭ يېنىغا كېلىشى \m \v 9 چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، \m ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، \m مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن، \m \v 10 چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، \m يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى، \m ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ.\f □ \fr 3:10 \ft \+bd «ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسى....»\+bd* ــ ئېفىئوپىيە ناھايىتى چەت جاي بولۇپ، توۋا قىلىش پۇرسىتى جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدىغان بىر مىسالدۇر. \+bd «مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى...»\+bd* ــ بەلكىم تارقىلىپ كەتكەن، ئەمما توۋا قىلغان ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» شۇنچە دەھشەتلىك بولغىنى بىلەن (8-ئايەت)، 9-10-ئايەتتىكى بېشارەتلەر خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ھەتتا شۇ كۈنىدىمۇ ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.\f* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ خۇدانىڭ روھىدا «قايتىدىن تۇغۇلۇشى» \m \v 11 شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛ \m چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، \m شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن»\+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس تېغىمدا» ياكى «مۇقەددەس تېغىم ئۈستىدە».\f* \m \v 12 ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن، \m ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ. \m \v 13 ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، \m نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، \m نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ \m ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، \m ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ»\+bd* ــ «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى» تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ياكى ماۋزۇدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن، ئۆزىگە سادىق بىر «قالدى»نىڭ ھامان ھەردائىم تېپىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ قايتىدىن يىغىلىشى ــ ئاخىرقى زاماندىكى شاد-خۇراملىق بىر كۈي \m \v 14 يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى! \m تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل! \m پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى!\x + \xo 3:14 \xt زەك. 9‏:9\x* \m \v 15 پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى، \m دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛ \m ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛ \m يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. \m \v 16 شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، \m «قورقما، ئى زىئون! \m قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن! \m \v 17 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، \m قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! \m ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ \m ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ \m ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ. \m \v 18 جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ \m بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى»\+bd* ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، ئىبادەت سورۇنلىرىدا بولغان ساختىپەزلىك، ئار-نومۇسسىزلىقلار سورۇنغا قاتناشقان ئىخلاسمەنلەرنى ناھايىتى ئازابلىغان، ئۇلار بۇنىڭغا چىدىماي مۇشۇ ھېيتلارغا، ئىبادەت سورۇنلىرىغا قاتناشماي تارقىلىپ كەتكەنىدى. شۇڭا خۇدا: «مەن ئۇلارنى يىغىمەن» ــ دەيدۇ. «يەش.» 13:1نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 19 مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، \m ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن \m تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛ \m دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى \add ئۆزۈمگە\add* مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن.\f □ \fr 3:19 \ft \+bd «ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن»\+bd* ــ «قىز» مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «... ئۇلارنى ئۆزۈمگە مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن»\+bd* ــ ياكى «... ئۇلارنى تەرىپلەش ئوبيېكتى ۋە نام-شۆھرەتلىك قىلىپ تىكلەيمەن».\f* \m \v 20 مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى \add ئۆيگە\add* ئېپكېلىمەن؛ \m چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا، \m سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، \add ئۆزەمگە\add* مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن، \m ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 3:20 \ft \+bd «سىلەرنى ...شۆھرەتلىك، ئۆزەمگە مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن»\+bd* ــ ياكى «سىلەرنى... نام-شۆھرەتلىك ۋە تەرىپلەش ئوبيېكتى قىلىمەن».\f*