\id ZEC \h زەكەرىيا \toc1 زەكەرىيا \toc2 زەكەرىيا \toc3 زەك. \mt1 زەكەرىيا \c 1 \s1 ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار! \m \v 1 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا...»\+bd* ــ «دارىئۇس پادىشاھ» يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىلى). \+bd «سەككىزىنچى ئايدا...»\+bd* ــ كىتابتا ئېيتىلغان ئايلار يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ئىدى. بۇ ئاي مىلادىيەدىن ئىلگىرى 520-يىلى ئۆكتەبرگە توغرا كېلىدۇ.\f* \m \v 2 ــ «پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. \v 3 شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ»، ــ دېگىن. \f □ \fr 1:3 \ft \+bd «شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «...» دەيدۇ»، ــ دېگىن»\+bd* ــ ئەسلى شەكلى: «شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يېنىپ كېلىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار!».\f* \m \v 4 ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 1:4 \xt يەش. 31‏:6؛ يەر. 3‏:12؛ 18‏:11؛ ئ‍ەز. 18‏:30؛ ھوش. 14‏:2\x* \m \v 5 ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟ \f □ \fr 1:5 \ft \+bd «پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟»\+bd* ــ مەزكۇر رېتورىك سوئال بەلكىم خەلقنىڭ دىققىتىنى پەيغەمبەرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان. ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ سۆزلىرى، يەنى خۇدانىڭ سۆزلىرى يەنىلا ئىناۋەتلىك، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا (6-ئايەتنى كۆرۈڭ). \fp بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەرلەر مەڭگۈ ياشامدۇ؟» دېگەن سوئالنى خەلقنىڭ زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەكچى بولۇپ ئىمانسىزلىك بىلەن بەرگەن جاۋابىدۇر، دەپ قارايدۇ.\f* \v 6 لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟». \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ... پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن»\+bd* ــ «ئۇلار» بەلكىم نەق مەيداندا زەكەرىياغا قۇلاق سېلىپ توۋا قىلغان خەلق.\f*  \x + \xo 1:6 \xt يىغ. 1‏:18\x* \b \m \s1 سەككىز ئالامەت كۆرۈنۈش •••• بىرىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئاتلىق ئادەم ۋە ئۈچ خىل رەڭلىك ئاتلار \m \v 7 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق بېشارەتنى كۆردى: ــ \f □ \fr 1:7 \ft \+bd «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى...»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 519-يىلى، 15-فېۋرال.\f* \m \v 8 مەن كېچىدە \add ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى\add* كۆردۈم؛ مانا، تورۇق ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم؛ ئۇ چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق، ئالا-تاغىل ۋە ئاق ئاتلار بار ئىدى. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا »\+bd* ــ «خاداس دەرىخى» پاكار ئۆسىدىغان، خۇش پۇراقلىق، دارچىندەك بىر دەرەخ. \+bd «ئالا-تاغىل»\+bd* ــ ياكى «جەدە رەڭلىك»، «قوڭۇر رەڭلىك».\f* \v 9 مەن ئۇنىڭدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا: «مەن ساڭا بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە»\+bd* ــ ئىزاھات: «خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئادەم» (8-، 10-ئايەتتە) بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى». «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ئەمەس. تەۋراتتىكى باشقا قىسىملاردىن بىلىمىزكى، «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشىتىسى» خۇدانىڭ ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە خۇدانىڭ تەبىئىتىدە بولغان بىر شەخس؛ ئىشىنىمىزكى، ئۇ مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى بولۇپ، ئىنسانلار دۇنياسىدا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، «ئادەم» قىياپىتىدە دۇنيادا كۆرۈنگەن. كېيىنكى تېكىستلەتدىن قارىغاندا، «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» بولسا «ئاددىي بىر پەرىشتە» ئىدى (ئۇ 2-باب، 3-4-ئايەتتە باشقا پەرىشتە تەرىپىدىن ئىشقا بۇيرۇلغان). ئۇ بەلكىم زەكەرىياغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە يولباشچى ھەم چۈشەندۈرگۈچى رولىدا بولغان.\f* \m \v 10 خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان زات جاۋابەن: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىنى ئۇيان-بۇيان كېزىشكە ئەۋەتكەنلىرى» ــ دېدى. \m \v 11 بۇ ئاتلار خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە جاۋاب قىلىپ: «بىز يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان كېزىپ كەلدۇق؛ مانا، پۈتكۈل يەر يۈزى تىپتىنچ، ئاراملىقتا تۇرۇۋاتىدۇ» ــ دېدى. \m \v 12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى جاۋابەن: «ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە رەھىم قىلمايسەن؟» ــ دېدى.\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «...سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىل خۇدانىڭ جازاسى بىلەن بابىل ئىمپېرىيەسىدە 70 يىل سۈرگۈن بولغان («يەر.» 11:25-12، «دان.» 2:9نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 13 پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە يېقىملىق سۆزلەر، تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى. \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ! \v 15 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن؛ چۈنكى مەن \add خەلقىمگە\add* سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ \add خەلقىمگە\add* زور ئازار قىلدى»، دەيدۇ. \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن»\+bd* ــ تەۋرات ھەم زەبۇردىكى «ئەللەر» دېگەن سۆز ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. تەۋراتتا «ئەللەر»، «تائىپىلەر»، «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «چۈنكى مەن خەلقىمگە سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ خەلقىمگە زور ئازار قىلدى»\+bd* ــ خۇدا ئىسرائىلدىن (بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن) غەزەپلىنىپ ئۇلارغا «يات ئەللەر» ئارقىلىق ئازار بەرگۈزۈپ جازالاپ، بابىل ئىمپېرىيەسىگە 70 يىل سۈرگۈن قىلدۇرغان. بىراق «يات ئەللەر» بۇ ئىشتا خۇدانىڭ جازاسىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلغان.\f* \v 16 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم؛ مېنىڭ ئۆيۈم ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ «ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە «ئۆلچەم تانىسى» يەنە تارتىلىدۇ».\f □ \fr 1:16 \ft \+bd ««ئۆلچەم تانىسى تارتىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئۆلچەم تانىسىدا شەھەرنى ئۆلچەش يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ قايتىدىن تولۇق قۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:16 \xt ئ‍ەز. 11‏:23\x* \m \v 17 ــ يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ شەھەرلىرىم يەنە ئاۋاتلىشىدۇ، پەرۋەردىگار يەنە زىئونغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە يېرۇسالېمنى يەنە تاللىۋالىدۇ». \b \m \s1 ئىككىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ «تۆت مۈڭگۈز» ۋە «تۆت ھۈنەرۋەن» \m \v 18 ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم، مانا تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. \v 19 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ يەھۇدا، ئىسرائىل ۋە يېرۇسالېمنى تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەردۇر» ــ دېدى. \m \v 20 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا تۆت ھۈنەرۋەننى كۆرسەتتى. \v 21 مەن: «بۇ \add ھۈنەرۋەنلەر\add* نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «مانا بۇلار بولسا يەھۇدادىكىلەرنى ھېچكىم قەددىنى رۇسلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەر؛ بىراق بۇ \add ھۈنەرۋەنلەر مۈڭگۈزلەرنى\add* دەككە-دۈككىگە چۈشۈرگىلى، يەنى ئەللەرنىڭ يەھۇدانىڭ زېمىنىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن مۈڭگۈزلىرىنى يەرگە تاشلىۋەتكىلى كەلدى!» ــ دېدى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «مەن: «بۇ (ھۈنەرۋەنلەر) نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم...»\+bd* ــ ئەمدى بۇ «تۆت مۈڭگۈز» ۋە «تۆت ھۈنەرۋەن» نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق پىكىرلىشىمىز.\f* \b \b \m \c 2 \s1 ئۈچىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئۆلچەش تانىسىنى تۇتقان يىگىت \m \v 1 ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم \v 2 ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى \add ئۆلچەپ\add* بىلگىلى بارىمەن» ــ دېدى. \m \v 3 مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى \v 4 ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ. \f □ \fr 2:4 \ft \+bd «يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، كەلگۈسى يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بىر شەھەر بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاھالىسى بەرىبىر ھەرقانداق سېپىلنىڭ ئىچىگە پاتمايدۇ؛ دېمەك، مۇشۇ يىگىتنىڭ ئۇنىڭ «كەڭلىكىنى، ئۇزۇنلۇقى»نى ئۆلچىشى بىكار ئىش بولمامدۇ؟!\f* \v 5 ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن. \v 6 ــ ھوي! ھوي! شىمالىي زېمىندىن قېچىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار».\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن»\+bd* ــ «تۆت تەرەپتىن چىققان شامال» ئىبرانىي تىلىدا: «ئاسماندىكى تۆت شامال» دېيىلىدۇ ــ شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەردىن چىقىدىغان شاماللار.\f* \m \v 7 «ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن! \f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن !»\+bd* ــ بابىل ئىمپېرىيەسى زەكەرىيانىڭ بېشارىتىدىن 20 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغانىدى. شۇڭا بىز مۇشۇ سۆزلەر ۋە كېيىنكى ئالتە ئايەتنى ئاخىرقى زاماننى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بىراق شۇ چاغدىكى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم بېشارەتلەردىن خېلى ئۈمىد ئالالايدۇ، چۈنكى بېشارەتلەر خۇدانىڭ ئۇلارغا بولغان مەڭگۈلۈك مەقسەتلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.\f* \v 8 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى؛ چۈنكى كىم سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىچوقىغا چېقىلغان بولىدۇ. \f □ \fr 2:8 \ft \+bd «ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى»\+bd* ــ باشقا تەرجىمىلىرى: «شان-شەرەپ ئايان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى»، ياكى «شەرەپ-ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈلگىنىمدىن كېيىن، ئۇ... مېنى ئەۋەتتى». قايسى تەرجىمىسى توغرا بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆزى «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار»نى ئەۋەتىدۇ (9-ئايەت، 6-باب، 15-ئايەت، 10-باب، 12-ئايەتلەردىمۇ ئوخشاش ئىشنى كۆرەلەيمىز). بىز ئەمدى ئىنجىلدىن چۈشىنىمىزكى، خۇدا دۇنياغا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ ئۆزى خۇدالىق تەبىئىتىدىدۇر، ئۇ خۇدانىڭ ئەزەلدىن بولغۇچى مەڭگۈلۈك «كالامى»دۇر. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ ئايەتتىكى «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» بولسا، «خۇدانىڭ كالامى»، مەسىھدۇر (تەۋرات، «يەش.» 16:48نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:8 \xt زەك. 2‏:9؛ 6‏:15؛ 10‏:12؛ يەش. 48‏:16؛ يـۇھ. 11‏:42؛ 17‏:21\x* \v 9 چۈنكى مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سىلكىيمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغۇچىلارغا ئولجا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. \m \v 10 ناخشىلارنى ياڭرىتىپ شادلان، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى مانا، كېلىۋاتىمەن، ئاراڭدا ماكانلىشىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، \x + \xo 2:10 \xt لاۋ. 26‏:12؛ ئ‍ەز. 37‏:27؛ 2كور. 6‏:16\x* \v 11 ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ \v 12 شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار يەھۇدانى ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس زېمىنى»دا نېسىۋىسى بولۇشقا مىراس قىلىدۇ ۋە يەنە يېرۇسالېمنى تاللىۋالىدۇ. \m \v 13 بارلىق ئەت ئىگىلىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغالدى!» \b \b \m \c 3 \s1 تۆتىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ •••• يەشۇئا باش كاھىننى كىيندۈرۈش \m \v 1 ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ئاندىن ئۇ ماڭا ... باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم بىلىدۇكى، «يەشۇئا» (ياكى «يەھوشۇئا») يەھۇدىيلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىسىم بولۇپ، مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزغۇچى» دېگەنلىكتۇر. «ئەيسا» دېگەن ئىسىم «يەشۇئا»نىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئىپادىلىنىشىدۇر. \fp «شەيتان» دېگەننىڭ مەنىسى: «دۈشمەن، كۈشەندە». \fp بۇ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا: «ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە شەيتاننىڭ ئۇنىڭغا «شەيتان بولۇش»قا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى» ــ دېيىلىدۇ.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن، ئى شەيتان! بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ \add كىشى\add* ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» ــ دېدى. \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ كىشى ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ بۇ سۆز يەشۇئانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ ۋە بەلكىم يەشۇئانىڭ بابىلغا سۈرگۈن بولۇشتىكى سىناق-ئازدۇرۇشلىرىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە كۆرسەتكىنىمىزدەك، بۇ ئىشتا يەشۇئا ئىسرائىلغا ۋەكىل قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 3:2 \xt يەھ. 9\x* \m \v 3 يەشۇئا بولسا پاسكىنا كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. \m \v 4 ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا: «بۇ پاسكىنا كىيىمنى ئۇنىڭدىن سالدۇرىۋېتىڭلار» ــ دېدى ۋە ئۇنىڭغا: «قارا، مەن قەبىھلىكىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتتىم، ساڭا ھېيتلىق كىيىم كىيگۈزدۈم» ــ دېدى. \f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار»\+bd* ــ بىزنىڭچە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:4 \xt مىك. 7‏:18\x* \m \v 5 مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاكىز بىر سەللىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئوراپ، ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ياندا تۇراتتى.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم...»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم زەكەرىيانىڭ دۇئاسى ــ دېمەك، «يەشۇئانىڭ كاھىنلىق كىيىملىرى تولۇق بولسۇن!».\f* \m \v 6 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا مۇنداق جېكىلىدى: ــ \v 7 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەگەر يوللىرىمدا ماڭساڭ، تاپىلىغىنىمنى چىڭ تۇتساڭ، مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرىسەن، ھويلىلىرىمغا قارايدىغان بولىسەن؛ ساڭا يېنىمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. \m \v 8 ــ ئى باش كاھىن يەشۇئا، سەن ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرغان ھەمراھلىرىڭ ئاڭلاڭلار (چۈنكى ئۇلار بېشارەتلىك ئادەملەر): ــ مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇمنى مەيدانغا چىقىرىمەن. \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇم...»\+bd* ــ «مانا» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «چۈنكى، مانا» دېيىلىدۇ. «چۈنكى» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەندە، ئەسلىدە ئۇنىڭ كەينىدە بىر سەۋەب بار بولۇشى كېرەك. بۇ سەۋەب يۇقىرىقى 1-7-ئايەتتە تېپىلىشى مۇمكىن، بىراق بىزگە ھازىرچە نامەلۇم. \+bd «مېنىڭ «شاخ» دېگەن قۇلۇم»\+bd* ــ 6-باب، 12-13-ئايەتتىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ««شاخ» دېگەن قۇلۇم» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «شاخ»، «يەشۇئا»، «ئۇنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغان ئادەملەر» ۋە تۆۋەندىكى ئايەتتىكى «يەتتە كۆزلۈك تاش» ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:8 \xt يەش. 4‏:2؛ 11‏:1؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:15؛ زەك. 6‏:12\x* \v 9 مانا، مەن يەشۇئانىڭ ئالدىغا قويغان تاشقا قارا! ــ بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن بۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئېلىپ تاشلايمەن.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن»\+bd* ــ «كۆز» ئىبرانىي تىلىدا «بۇلاق» دېگەن مەنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار شۇ مەنىدە چۈشىنىپ مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: «بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە بۇلاق بار؛ مەن بۇلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئاچىمەن...». 3-باب، 10-ئايەتتە يەتتە كۆز تىلغا ئېلىنغاچقا، بىز ئەسلى «كۆز» دېگەن مەنىدە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. مۇمكىنچىلىكىمۇ باركى، «كۆز» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt زەك. 4‏:10؛ ۋەھ. 5‏:6؛ زەب. 118‏:22؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ 1پېت. 2‏:4؛ يەش. 49‏:16؛ يـۇھ. 20‏:20، 25-27؛ زەك. 13‏:1\x* \m \v 10 شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارنى ئۈزۈم تېلى ۋە ئەنجۈر دەرىخى ئاستىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىسىلەر». \b \b \m \c 4 \s1 بەشىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئالتۇن چىراغدان \m \v 1 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛ \v 2 ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛ \f □ \fr 4:2 \ft \+bd «يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن»\+bd* ــ ياكى «يەتتە چىراغنىڭ ھەربىرىنىڭ يەتتە پىلىكى بار ئىكەن».\f* \v 3 ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم. \v 4 ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. \m \v 5 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.\x + \xo 4:5 \xt زەك. 4‏:14؛ ئەزرا 5‏:1؛ 6‏:14؛ ۋەھ. 11‏:3-4\x* \m \v 6 ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \v 7 ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ \add ئىبادەتخانىنىڭ\add* ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ».\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ»\+bd* ــ «جىپسىما تاش» ــ سېلىنىۋاتقان ئۆينىڭ (مۇشۇ ئايەتتە ئىبادەتخانىنىڭ) ئەڭ ئاخىرقى قويۇلغان تېشىتۇر. \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ»\+bd* ــ «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن سۆزلەر بەلكىم ئىبادەتخانىغا، ياكى «ئەڭ ئۈستىدىكى جىپسىما تاش»، ياكى پۈتۈن قۇرۇلۇش ئىشىغا ئېيتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:7 \xt يەش. 40‏:4\x* \m \v 8 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \v 9 «زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. \x + \xo 4:9 \xt يـۇھ. 2‏:19-21\x* \v 10 كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «\add يەتتە\add*» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر».\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ...»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ «يەتتە»نى چىراغداننىڭ يەتتە شېخىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق چىراغدان خۇدادىن ماي قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭچە «بۇ «يەتتە»» يۇقىرىقى تاشنىڭ «يەتتە كۆز»ىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئادەملەرنىڭ كۆز-قاراشلىرىدا «كىچىك ئىشلار» بولغىنى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئىشنى تەڭ كۆرىدىغان كۆزلىرىدە ئۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، شادلىنارلىق بىر ئىشتۇر. ھەتتا قۇرۇلۇش جەريانىدا، زەرۇببابەلنىڭ «تىك ئۆلچەش تېشى»نى تۇتقانلىقىنى كۆرگەندە، «پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرى» شادلىنىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:10 \xt 2تار. 16‏:9؛ ۋەھ. 5‏:6\x* \m \v 11 مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ \v 12 ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم.\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «..ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى...»\+bd* ــ مۇشۇ «ئالتۇن» بەلكىم «ئالتۇن رەڭلىك» زەيتۇن مېيى ــ \fp ھەر تەرەپلىك روھىي رىغبەت-تەسەللىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 13 ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم. \m \v 14 ئۇ ماڭا: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ دېدى. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd ««زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «زەيتۇن مايلىق ئىككى ئوغۇل بالا» دېيىلىدۇ. \fp بۇ ئايەتتىك «ئىككى زەيتۇن دەرىخى» توغرىسىدا ئىككى كۆزقاراش بار. \fp (1) ئىككى زەيتۇن دەرىخى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا، يەنى داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان پادىشاھنىڭ ئورنىدا تۇرغۇچى زەرۇببابەل ۋە باش كاھىن يەشۇئا. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ۋە كاھىنلىرى ئالاھىدە بىر پۇراقلىق زەيتۇن مېيى بىلەن «مەسىھ قىلىنغان»، بۇ ماي خۇدانىڭ روھىنىڭ مەدىتىنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭدەك پادىشاھ ۋە كاھىن (باشقا تەرەپلەردىن) خۇداغا ۋەكالەتچى بولاتتى. بۇ بىرىنچى كۆزقاراش بويىچە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن، خەلق خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ. \fp (2) بۇ «مەسىھ قىلىنغان ئىككى ئوغۇل بالا» دەل زەكەرىيا ۋە ھاگاي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى؛ ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشلىرى بىلەن پۈتۈن خەلق، جۈملىدىن زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن يەنە «خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ». بىزنىڭچە بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇق.\f*  \x + \xo 4:14 \xt زەك. 4‏:3؛ ئەزرا 5‏:1؛ 6‏:14؛ ۋەھ. 11‏:3-4\x* \b \b \m \c 5 \s1 ئالتىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ «ئۇچار ئورام يازما» \m \v 1 ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم. \v 2 ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن»\+bd* ــ ئىبرانىيلار ئىشلەتكەن «گەز» بەلكىم يېرىم مېتر ئىدى. ئورام يازمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسىتىلگەن «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك («مىس.» 29-بابنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 3 ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». \m \v 4 ــ «مەن بۇ \add يازمىنى\add* چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ».\f □ \fr 5:4 \ft \+bd «مەن بۇ يازمىنى چىقىرىمەن... ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ»\+bd* ــ «ئۇچار ئورام يازما» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 يەتتىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ سېۋەتتە ئولتۇرغان ئايال ــ «رەزىللىك» \m \v 5 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى. \m \v 6 مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا \add شۇ رەزىللەرنىڭ\add* پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى. \f □ \fr 5:6 \ft \+bd «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»\+bd* ــ «ئەفاھ» بولسا ھەجىم ئۆلچىمى، تەخمىنەن 40 لىتر كېلىدۇ. مۇشۇ يەردە ھەم ئۆلچەم ھەم ئۆلچەيدىغان سېۋەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر»\+bd* ــ «رەزىللەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوغرى ۋە يالغانچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا «قىياپەت» «كۆز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى بەلكىم: خۇدا ئۆز خەلقىگە كۆزى بىلەن يېتەكچىلىك قىلغىنىدەك («زەب.» 8:32) شەيتانمۇ ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى «ئەفاھ» (سودا-سېتىقنىڭ سىمۋولى) ئارقىلىق باشقۇرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. \m \v 8 ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى. \m \v 9 بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى. \v 10 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. \m \v 11 ئۇ ماڭا: ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «شىنار زېمىنى»\+bd* ــ «شىنار» بابىلىيەنىڭ باشقا بىر ئىسمى. \+bd «ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ»\+bd* ــ «ئەفاھدا ئولتۇرغان ئايال» («رەزىللىك») توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»مىزدە توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 6 \s1 سەككىزىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى \m \v 1 ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى. \v 2 بىرىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قىزىل ئاتلار ئىدى؛ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قارا ئاتلار ئىدى؛ \v 3 ئۈچىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى ئاق ئاتلار، تۆتىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى كۈچلۈك چىپار ئاتلار ئىدى. \v 4 مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. \m \v 5 پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى. \v 6 قارا ئاتلار قېتىلغان ھارۋا شىمالىي زېمىنلار تەرەپكە كىرىدۇ؛ ئاقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ چىپارلار بولسا جەنۇبىي زېمىنلار تەرەپكە ماڭىدۇ. \v 7 ئاندىن مۇشۇ كۈچلۈك ئاتلار چىقىپ يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق كېزىشكە ئالدىرايدۇ» ــ دېدى. \m ئۇ ئۇلارغا: «مېڭىڭلار، يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىڭلار» ــ دېدى؛ ئۇلار يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق ماڭدى. \v 8 ۋە ئۇ ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «قارا، شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى» ــ دېدى. \f □ \fr 6:8 \ft \+bd «شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى»\+bd* ــ سەككىزىنچى كۆرۈنۈش ئۈستىدە «قوشۇمچى سۆز»مىزدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 باش كاھىن يەشۇئاغا تاج كىيدۈرۈش \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 10 سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەردىن، يەنى ھەلداي، توبىيا ۋە يەدايادىن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغىن؛ شۇ كۈنى ئۇلار بابىلدىن كېلىپ چۈشكەن ئۆيگە، يەنى زەفانىيانىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ ئۆيىگە كىرگىن؛ \v 11 شۇنداق، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى قوبۇل قىلغىن، بۇلاردىن چەمبەرسىمان بىر تاجنى توقۇپ ۋە تاجنى يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزگىن؛ \v 12 ۋە يەشۇئاغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئىنسان! ئۇ ئۆز تۈۋىدىن ئورنىدا شاخلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرىدۇ» ــ دېگىن.\x + \xo 6:12 \xt زەك. 3‏:8‏: يەش. 4‏:2؛ 11‏:1؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:15\x* \m \v 13 «بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرغۇچى دەل شۇ بولىدۇ؛ ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ.\f □ \fr 6:13 \ft \+bd «ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ... ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ»\+bd* ــ ئىسرائىلدا «لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغان «كاھىن»لار پادىشاھ بولۇشقا قەتئىي بولمايتتى. مۇشۇ يەردە يەشۇئا (ئەيسا) شۈبھىسىزكى، كەلگۈسى زاماندا كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «مەسىھ» ھەم كاھىن ھەم پادىشاھ بولۇپ، يەشۇئا ۋە زەرۇببابەل قۇرۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ ئىبادەتخانىنى، يەنى م؛ۇقەددەس روھتىن تۇغۇلغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئىبادەتخانىنى قۇرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ۋە «ھاگاي پەيغەمبەر» قىسمىدىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق... »\+bd* ــ ياكى «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان پىلان ...». \+bd «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «ئىككىسى» دېگەن سۆز «ئىككى ھوقۇق» دېگەن مەنىدە، ئۇ بەلكىم قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ «كاھىن» ھەم «تەختتە ئولتۇرغۇچى پادىشاھ» دېگەن ئىككى سالاھىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە «ئۇلار ئىككىسى» بولسا پەرۋەردىگار ھەم ئۇنىڭ مەسىھىدۇر. دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى يۇيىدىغان قۇربانلىق بولسا خۇدانىڭ پىلانى بولۇپ، ئۆز مەسىھى شۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قۇربانلىق بولغان؛ شۇڭا «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق» «ئۇلار ئىككىسى» ئارىسىدىدۇر.\f*  \x + \xo 6:13 \xt زەب. 110‏:1، 4؛ 85‏:10؛ يەش. 9‏:6؛ 22‏:24؛ يـۇھ. 2‏:19-22\x* \m \v 14 مۇشۇ چەمبەرسىمان تاج پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خەلەم، توبىيا، يەدايالارغا ۋە زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ. \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «خەلەم، توبىيا، يەدايالار...»\+bd* ــ «خەلەم» 10-ئايەتتە «خەلداي» دەپ ئاتىلىدۇ. \+bd « زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «زەفانىيانىڭ ئوغلى «خەن»گە بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ». بىراق «خەن»نىڭ مەنىسى «ئىلتىپات، مېھرىبانلىق» بولۇپ، مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا يەرلەردە ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى كۆرۈلمەيدۇ.\f* \v 15 ۋە يىراقتا تۇرۇۋاتقانلار كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىدە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ».\x + \xo 6:15 \xt زەك. 2‏:8، 9، 10‏، 12؛ يەش. 48‏:16؛ يـۇھ. 11‏:42؛ 17‏:21\x* \b \b \m \c 7 \s1 روزا تۇتۇش توغرۇلۇق قويۇلغان سوئال ۋە رەددىيەلىك جاۋاب \m \v 1 دارىئۇس پادىشاھنىڭ تۆتىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاي، يەنى «خىسلەۋ»نىڭ تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كەلدى. \v 2 شۇ چاغدا بەيت-ئەل شەھىرىدىكىلەر شېرەزەر ۋە رەگەم-مەلەكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى. \v 3 بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى.\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟»\+bd* ــ «بەشىنچى ئاي»دىكى روزا تۇتۇش بولسا ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىغا ھەسرەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنلىرى ئىبادەتخانىنى بەشىنچى ئاينىڭ 9-كۈنىدە ۋەيران قىلغانىدى، ئاندىن خەلقنى 70 يىل سۈرگۈن قىلىپ باشقۇرغان. مۇشۇ كىشىلەر: «ئىبادەتخانا ھازىر قايتىدىن قۇرۇلۇۋاتقان بولغاچقا، بۇ روزىنى تۇتۇۋېرىشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ ئويلىنىۋاتقانىدى.\f* \m \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 5 «زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: ــ «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟ \f □ \fr 7:5 \ft \+bd «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا...»\+bd* ــ «يەتتىنچى ئاي»دىكى روزا، ۋالىي گەدەلىيانىڭ قازا قىلىنغانلىقىنى ئەسلەش مەقسىتىدە تۇتۇلغان روزا بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ھەسرەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى (تەۋرات، «يەرەمىيا»، 40-41بابلار). بۇ بابىل ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى ئىشغال قىلغان مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى پاجىئەلىك ۋەقە ئىدى.\f* \v 6 يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 7:6 \ft \+bd «يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ »\+bd* ــ دېمەك، سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشۇڭلار يەپ-ئىچىشىڭلارغا ئوخشاش، پەقەت ئۆزلىرىڭلا ئۈچۈندۇر. روزا تۇتۇشنىڭ مەقسىتى خۇدانى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى «ئۆز-ئۆزىگە ئىچىنى ئاغرىتىش»تىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر ئىمكانىيىتى، بۇ ئايەتتىكى «يېمەك» ۋە «ئىچمەك» بەلكىم ھېيت-بايراملارنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئۇلاردىن: «مۇشۇ ھېيت-بايراملارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تەبرىكلىدىڭلارمۇ، ياكى مەن ئۈچۈن تەبرىكلىدىڭلارمۇ؟» ــ دەپ سوراۋاتىدۇ.\f* \v 7 بۇلار يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى ئاھالىلىك بولغان، تازا ئاۋاتلاشقان چاغلاردا، جەنۇبىي يەھۇدا ۋە تۆۋەن تۈزلەڭلىك ئاھالىلىك بولغان چاغلاردا، پەرۋەردىگار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاكارلىغان سۆزلەر ئەمەسمۇ؟ \m \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 9 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار، \v 10 تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن. \x + \xo 7:10 \xt مىس. 22‏:22\x* \v 11 بىراق \add ئاتا-بوۋىلىرىڭلار\add* ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛ \f □ \fr 7:11 \ft \+bd «ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار مۈرىسىنى جاھىل قىلىپ...».\f* \v 12 ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛ \v 13 شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \x + \xo 7:13 \xt پەند. 1‏:28؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ 14‏:12\x* \v 14 ــ «ۋە مەن ئۇلارنى ئۇلار تونۇمايدىغان بارلىق ئەللەر ئارىسىغا قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن زېمىن ۋەيران بولغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرمۇ، قايتقانلارمۇ بولغان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىللىق زېمىن ۋەيرانە قىلىنغان». \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «ئۇلارنى... قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنى ... قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋېتىمەن».\f* \b \b \m \c 8 \s1 روزا تۇتۇش توغرۇلۇق قويۇلغان سوئال ۋە ئۈمىد بەرگۈچى جاۋاب \m \v 1 ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ زىئونغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم قايناپ تاشتى؛ مېنىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم تۈپەيلىدىن \add ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە\add* غەزىپىم قايناپ تاشتى.\x + \xo 8:2 \xt زەك. 1‏:14\x* \m \v 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. \v 4 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قېرى بوۋاي-مومايلار يەنە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا ئولتۇرىدىغان بولىدۇ؛ كۈنلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىرى ھاسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ؛ \v 5 شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئويناۋاتقان ئوغۇل-قىز بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ. \v 6 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 8:6 \ft \+bd «ۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟»\+bd* ــ دېمەك، ئادەملەر ئۈچۈن ئاجايىب كارامەت بولغان ئىشلار خۇدا ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلار.\f* \m \v 7 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆز خەلقىمنى شەرقىي زېمىنلاردىن، غەربىي زېمىنلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ \v 8 مەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلار يېرۇسالېمدا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن». \m \v 9 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە ھازىر بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ كۈنلەردە بايان قىلىنىۋاتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئىشىتىۋاتىسىلەر، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قولۇڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! \f □ \fr 8:9 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە سۆزلىگەن پەيغەمبەرلەر»\+bd* ــ ھاگاي ۋە زەكەرىيا. بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنىشى» ئىككى يىل بۇرۇن («ئەزرا» 1:5-2) بولغان بولسا كېرەك.\f* \v 10 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن ئىلگىرى ئىنسان ئۈچۈن ئىش ھەققى يوق، ئات-ئۇلاغ ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققى يوق ئىدى؛ جەبىر-زۇلۇم تۈپەيلىدىن چىققۇچى ياكى كىرگۈچى ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك يوق ئىدى؛ چۈنكى مەن ھەربىر ئادەمنى ئۆز يېقىنىغا دۈشمەنلەشتۈردۈم؛ \v 11 بىراق مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك بولمايمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ \v 12 چۈنكى ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ، ئۈزۈم تېلى مېۋىلەيدۇ، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ، ئاسمانلار شەبنەملىرىنى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگە قىلدۇرىمەن. \f □ \fr 8:12 \ft \+bd «ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇرۇققا خاتىرجەملىك-ئامانلىق بولىدۇ».\f* \v 13 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر \add ئۇلارغا\add* بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن!\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ بەلكىم ئۈچ تەرىپى بار. (1) سۈرگۈن بولغان يەھۇدىيلار ئۆزلىرى لەنەتكە قالدۇرۇلغان؛ (2) ئۇلار باشقىلارغا لەنەت بولۇپ ئۇلارغا بالا-قازا كەلتۈرگەن؛ (3) ئۇلارنىڭ نامى (ئىسرائىل، يەھۇدىي) لەنەتنى بىلدۈرگەن. خۇدا مۇشۇ ئۈچ ئەۋالنىڭ ھەربىرىنى دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىگە ئايلاندۇرىدۇ. \+bd «سىلەر ئۇلارغا (ئەللەرگە) بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر»\+bd* ــ خۇدا ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرگە: «سەن ۋە ئەۋلادىڭ ھەربىر ئەل-مىللەتكە بەخت-بەرىكەت بولىسەن» دەپ ۋەدە قىلغان. ئىسرائىل ئىتائەتسىزلىكتىن مۇشۇ بەرىكەتنى لەنەتكە ئايلاندۇرغان.\f* \m \v 14 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىغاندا مېنىڭ سىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولغىنىم ۋە شۇ \add جازا\add* يولىدىن يانمىغىنىمدەك ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ \v 15 مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار. \v 16 مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛ \f □ \fr 8:16 \ft \+bd «دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار»\+bd* ــ ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئولتۇرۇپ، سوت ۋە ھۆكۈم قىلاتتى.\f*  \x + \xo 8:16 \xt ئ‍ەف. 4‏:25\x* \v 17 ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 8:17 \xt زەك. 5‏:3، 4؛ 7‏:10.\x* \m \v 18 ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 19 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ؛ شۇڭا ھەقىقەت ۋە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.\f □ \fr 8:19 \ft \+bd «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ «روزىلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 20 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نۇرغۇن قوۋملار ۋە كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛ \x + \xo 8:20 \xt يەش. 2‏:2؛ يەر. 16‏:19؛ مىك. 4‏:1؛ زەك. 8‏:2.\x* \v 21 بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. \v 22 كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. \m \v 23 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 8:23 \ft \+bd «شۇ كۈنلەردە ... ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىش خۇدانى ئىزدەنگەن «يات ئەللەر»نىڭ ھەرىكەتلىرىگە بىر مىسال بولىدۇ.\f* \b \b \m \c 9 \s1 «بۈيۈك ئىسكەندەر»نىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق بېشارەتلەر \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ \f □ \fr 9:1 \ft \+bd «خادراك زېمىنى»\+bd* ــ كونا تارىخنامىلەر بويىچە، «خادراك» دېگەن رايون دەمەشق شەھىرىگە يېقىن بولغان، بىراق دەل قايسى جاي ئىكەنلىكىنى ھازىر بىلمەيمىز. \+bd «چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىنىڭ كۆزى پەرۋەردىگارغا قارايدۇ».\f* \v 2 ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، \f □ \fr 9:2 \ft \+bd «ئۇ \+bd*\+bdit ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى\+bdit* بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ» ــ «بۈيۈك ئىسكەندەر» مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى جەنۇب تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ مۇشۇ يەرلەرنى بىر-بىرلەپ ئىگىلىۋالغان.\f* \v 3 ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان. \v 4 مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنى «بۈيۈك ئىسكەندەر» ئەمەلگە ئاشۇرغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 332-يىلى ئۇ تۇرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ). \fp «ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ» دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (يەنى رەب) ئۇلارنىڭ دېڭىزدىكى كۈچىنى يوق قىلىدۇ»\f* \m \v 5 ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ. \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. \f □ \fr 9:6 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن»\+bd* ــ ئىسكەندەر تۇرنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن فىلىستىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. 5- ۋە 6-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان (ئاشكېلون، گازا، ئەكرون، ئاشدود) شەھەرلەر فىلىستىيەدىكى بەش چوڭ شەھەرنىڭ تۆتى. بۇ جەڭلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 7 مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. \f □ \fr 9:7 \ft \+bd «مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ،...»\+bd* ــ «خۇدايىمىزغا» دېگەن سۆزگە قارىغاندا مۇشۇ ئايەتلەردىكى سۆزلىگۈچى مەسىھنىڭ ئۆزى بولۇشى كېرەك. \+bd «...ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) فىلىستىيلەر ئەمدى بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىمۇ، گۆشىنىمۇ يېمەيدىغان بولىدۇ. (2) فىلىستىيلەر خۇداغا تەۋە بولۇپ يەھۇدا ئارىسىدا (يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەردەك) ھۆرمەتلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولىدۇ (ھازىرقى «پەلەسىتىنلىكلەر» فىلىستىيلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 8 مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن.\f □ \fr 9:8 \ft \+bd «مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن»\+bd* ــ «بۈيۈك ئىسكەندەر» زالىم بولغىنى بىلەن، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا ماڭغاندا («ئۆتۈپ كەتكەندە») ياكى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ «قايتىپ كەلگەندە» (گەرچە يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا نۇرغۇنلىغان بايلىقلار بولسىمۇ)، يېرۇسالېمغا ھېچ ھۇجۇم قىلمىغان. بۇ تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ سىرلىرىدىن بىرىدۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 زىئوننىڭ پادىشاھى مەسىھ كېلىدۇ! \m \v 9 زور شادلان، ئى زىئون قىزى! \m تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! \m قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ \m ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ \m كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، \m مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛\f □ \fr 9:9 \ft \+bd «ۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا تەرجىمىلىرى: «ئۇ نىجاتنى ئېلىپ كېلىدۇ»، «ئۇ قۇتقۇزۇلغان بولىدۇ» ياكى «ئۇ غەلىبىلىك بولىدۇ». \+bd «قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ... مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛»\+bd* ــ بۇ تولۇق بېشارەت ئەيسا مەسىھنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئىنجىل، «ماتتا» 21-باب، «ماركۇس» 11-باب، «لۇقا» 19-باب، «يۇھاننا» 12-بابلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:9 \xt زەك. 2‏:10؛ مات. 21‏:4-5؛ يـۇھ. 12‏:12-16\x* \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، \m ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ \m جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. \m ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، \m \add ئەفرات\add* دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ.\f □ \fr 9:10 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ...مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ ... ئۇ \+bd*\+bdit ، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھ مەسىھ\+bdit* بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، ئەفرات دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ» ــ دېمىسەكمۇ، بېشارەت ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا تۇنچى كېلىشىدىن (9-ئايەت) ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ئاتلاپ ئۆتىدۇ. بېشارەتنىڭ قالغىنى ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن.\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن»\+bd* ــ بۇ سىرلىق بېشارەتنىڭ ھەم روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتلىرى بولۇشى كېرەك. ئىشىنىمىزكى، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىلەن تۈزگەن «يېڭى ئەھدە» يەھۇدىيلارنى، ئەللەرنىمۇ ھەرخىل «گۇناھ ئورىكى»دىن قۇتقۇزالايدۇ ھەم كەلگۈسىدىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىدىن خۇدا يەھۇدىيلارنى ھەرخىل جىسمانىي قىينچىلىقلاردىنمۇ قۇتقۇزىدۇ.\f*  \x + \xo 9:11 \xt مات. 26‏:28؛ لۇقا 22‏:20؛ رىم. 9‏:3، 4؛ رىم. 11‏:25، 26، 27؛ 1كور. 11‏:25؛ ئىبر. 9‏:19، 20، .21\x* \m \v 12 مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. \f □ \fr 9:12 \ft \+bd «مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى!»\+bd* ــ «ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى» بەلكىم بۇ تولىمۇ قىسقارتىلغان گەپ بولۇشى مۇمكىن، مەنىسى: ««خۇدانىڭ قالدىسى» خۇدانىڭ نۇرغۇن ۋەدىلىرى ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى، شۇنداقلا ئۈمىدسىزلىنىشى تۈپەيلىدىن گۇناھنىڭ مەھبۇسلىرى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر «مۇستەھكەم جاي»ى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.\f* \v 13 چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن. \v 14 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. \x + \xo 9:14 \xt ناھ. 2‏:6\x* \v 15 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار \add قانغا\add* مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، \add قانغا\add* تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ. \f □ \fr 9:15 \ft \+bd «... ئۇلار (قانغا) مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، قانغا تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئوخشىتىش ئىسرائىلنىڭ جەڭگە بولىدىغان زوق-كەيپىنىڭ شاراب ئىچكەن ئادەمنىڭكىدەك بولىدىغانلىقىنى ياكى دۈشمەنلەردىن تۆكۈلگەن قاننىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قۇربانلىقلارنىڭ قانلىرىنى ئېلىشقا بىرنەچچە قاچىلارنى تەييارلاش كېرەك ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە قان بىلەن لىق تولدۇرۇلاتتى ۋە قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلىنىپ كېتەتتى. \fp تولۇق بۇ بېشارەت بەلكىم (1) ئىسرائىلنىڭ گرېتسىيە زالىملىرى ئۈستىدىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3- ۋە 2-ئەسىردە) بولغان ئاجايىب غەلىبىلىرىنى ۋە (2) ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 16 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ. \v 17 شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ!\f □ \fr 9:17 \ft \+bd «شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى!»\+bd* ــ ياكى، «نېمىدېگەن ئەزىز! نېمىدېگەن گۈزەل!».\f* \b \b \m \c 10 \s1 ئاخىرقى زامانلاردىكى ۋەقەلەر ــ داۋامى \m \v 1 پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ. \f □ \fr 10:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار»\+bd* ــ بۇ دۇئا يۇقىرىقى بېشارەت بىلەن باغلىنىشلىق؛ زىرائەتلەر ۋە ئۈزۈملەرگە يامغۇر كېرەك، ئەلۋەتتە. «كېيىنكى يامغۇر» بولسا پەلەستىندە 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش ھالقىلىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ.\f* \v 2 چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «ئۆي بۇتلىرى»\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «تەرافىم») پال بىلەن «يول كۆرسىتىدىغان» بىرخىل بۇتلار ئىدى.\f*  \x + \xo 10:2 \xt توپ. 5‏:6\x* \m \v 3 مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» \add يېتەكچىلەرنى\add* جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ. \v 4 ئۇنىڭدىن \add يەنى يەھۇدادىن\add* «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن، يەنى يەھۇدادىن «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»...»\+bd* ــ «يەنى يەھۇدادىن» دېگەن سۆزلەرنى تەرجىمە يولىدا قوشۇپ كىرگۈزدۇق. ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇنىڭدىن» دېيىلىدۇ. 9-ئايەتتە «يەھۇدا جەمەتى» كۆزدە تۇتۇلغان بولغاچقا، 10-ئايەتنى شۇنداق تەرجىمە قىلدۇق. مەسىھ «يەھۇدادىن» چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى خۇدادىن». \+bd «ئۇنىڭدىن ... «بۇرجەك تېشى»، .. «قوزۇق»، .. «جەڭ ئوقياسى»، .. «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ»\+bd* ــ بۇ تۆت نامنىڭ ھەممىسى «مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ ئۇنۋانلىرى بولىدۇ. بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە «مەسىھ» چوقۇم يەھۇدانىڭ ئەۋلادى بولۇشى كېرەك ئىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \fp «ئۇنىڭدىن» دېگەننى بەزى ئالىملار «خۇدادىن» دېگەن مەنىدە، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، \add دۈشمەنلەرنى\add* كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. \v 6 مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. \v 7 ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ. \m \v 8 مەن ئۈشقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ. \v 9 مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ. \f □ \fr 10:9 \ft \+bd «مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ...»\+bd* ــ ياكى «مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىدىغان بولسام،...».\f* \v 10 مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر-زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ. \m \v 11 شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ. \f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ»\+bd* ــ «ئۇ» ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 12 مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 11 \s1 خۇدانىڭ پادىسى ياخشى پادىچىسىنى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى رەت قىلىدۇ؛ ئۇلار زۇلمەتكە قالىدۇ \m \v 1 ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! \f □ \fr 11:1 \ft \+bd «ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! »\+bd* ــ بۇ 1-3-ئايەت بەلكىم بىر ئوخشىتىش؛ يەھۇدانىڭ يېتەكچىلىرى خۇدانىڭ خەلقى ۋە خۇدا بەرگەن زېمىننى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ھازىر بۇ مەنپەئەتتىن ئايرىلىدۇ. -11-ئايەت يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىبادەتخانىنىڭ يەنە ۋەيران قىلىنىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ لىۋاندىكى كۆپلىگەن كېدىر دەرەخلىرىنى ۋە باشقا ئېسىل دەرەخلەرنى ئىشلىتىپ سېلىنغان (تەۋرات، «ئەزرا»، 7:3). \fp «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ بابنى تەپسىلىي شەرھلەيمىز.\f* \v 2 ۋايساڭلار، ئى قارىغايلار، چۈنكى كېدىر يىقىلدى، ئېسىل دەرەخلەر ۋەيران قىلىندى؛ ۋايساڭلار، ئى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرى، چۈنكى باراقسان ئورمان يىقىتىلدى! \v 3 پادىچىلارنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىپى \add بولغان چىمەن-يايلاق\add* ۋەيران قىلىندى؛ ئارسلانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ پەخرى بولغان \add بۈك-باراقسانلىقى\add* ۋەيران قىلىندى. \m \v 4 پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن! \v 5 ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ. \v 6 چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «مەن... ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن»\+bd* ــ «ئۆز پادىشاھى» ئالاھىدە ئىبارە بولۇپ، بەلكىم خۇدا شۇ پادىشاھنى تاللىمىغانلىقىنى، بەلكى يەھۇدادىكىلەر ئۆزلىرى تاللىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. زەكەرىيانىڭ دەۋرىدە يەھۇدانىڭ ھېچ پادىشاھى يوق ئىدى (يەھۇدا پارس ئىمپېرىيەسى ئاستىدا بولغان).\f* \b \m \v 7 شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم. مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم»\+bd* ــ «پادا» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. پادىنىڭ «ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەر»، خۇداغا سادىق «قالدى»لار ئىدى (11-ئايەتنى كۆرۈڭ). زەكەرىيا پادىچىلىق ۋەزىپىسىنى \+bd ئۇلارنى دەپ\+bd* زىممىسىگە ئالىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ جازاسى پادىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بېشىغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ (5-ئايەت)؛ خۇدانىڭ نەزىرى بەرىبىر «پادا ئارىسىدىكى «مىسكىن مۆمىنلەر»» («قالدىلار») ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇلار پادىنىڭ ئارىسىدىكى ئاز بىر قىسمىدۇر. \+bd «مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم...»\+bd* ــ زەكەرىيا بەلكىم مەزكۇر ئىشنى، شۇنداقلا 8-14-ئايەتتىكى باشقا بەزى ئىشلارنى چۈشىدە ياكى ئالامەت كۆرۈنۈشتە كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ئىشلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئۇ خەلق ئالدىدا «رول ئېلىپ» كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 8 شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم؛ مېنىڭ جېنىم بۇ \add خەلقتىن\add* بىزار بولدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى مېنى ئۆچ كۆردى.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم...»\+bd* ــ «ئۈچ پادىچى» توغرۇلۇق بىزنىڭچە ئىككى ئىمكانىيەت بار. (1) «ئۈچ پادىچى» مەلۇم ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى خۇدا ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتكەن ئۈچ خىل پادىچىنى، يەنى «پەيغەمبەر»، «كاھىن» ۋە «پادىشاھ»نى بىلدۈرىدۇ. مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىلى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشى بىلەن، ئىسرائىلدا بۇ ئۈچ خىل «پادىچى» قالمىدى. (2) مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىلى رىم ئىمپېرىيەسى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرىگە ئۆچ بولغان ئۈچ يېتەكچىسى (يۇھاننا، سىمون ۋە ئەلىئېزەر) بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇشلىرى تۈپەيلىدىن يېرۇسالېم ئاخىر بېرىپ ئىشغال قىلىنغان، بۇ ئۈچ «پادىچى» شۇ ھامان «پادىچىلىقتىن» قالغان. بىز 2-ئىمكانىيەتكە مايىلمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز يەنە بۇنىڭ ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىمىز.\f* \m \v 9 مەن: «مەن سىلەرنى باقمايمەن؛ ئۆلەي دەپ قالغانلىرى ئۆلۈپ كەتسۇن؛ ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم.\f □ \fr 11:9 \ft \+bd «ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم»\+bd* ــ دەرۋەقە، رىم ئىمپېرىيەسى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا كۆپ ئادەم ئاچارچىلىقتىن باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېگەن.\f* \m \v 10 مەن «شاپائەت» دېگەن تايىقىمنى ئېلىپ سۇندۇرىۋەتتىم، شۇنىڭدەك مېنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئەھدەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم. \v 11 ئەھدە شۇ كۈنى بىكار قىلىۋېتىلدى؛ شۇڭا پادا ئارىسىدىكى ماڭا دىققەت قىلغان مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. \f □ \fr 11:11 \ft \+bd «... مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى»\+bd* ــ بۇ «مىسكىنلارنىڭ بىلىپ يېتىشى»نىڭ ئۆزىمۇ بەلكىم «ئالامەت كۆرۈنۈش»نىڭ بىر قىسمىدۇر. دېمەك، ھەممىسى پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىن كېيىن يۈز بېرىدۇ.\f* \v 12 ۋە مەن ئۇلارغا: «مۇۋاپىق كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بېرىڭلار؛ بولمىسا بولدى قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىمگە ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى تارازىغا سالدى.\x + \xo 11:12 \xt مات. 26‏:15؛ 27‏:9\x* \m \v 13 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرىۋەتتىم. \f □ \fr 11:13 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى»\+bd* ــ «قالتىس باھا!» ــ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 11:13 \xt مات. 27‏:3-10\x* \v 14 ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم. \m \v 15 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال. \f □ \fr 11:15 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال... »\+bd* ــ ياخشى پادىچىنىڭ قوراللىرى بولغان ئىككى تاياقنى سۇندۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، «ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال» دەپ بۇيرۇلغان.\f* \v 16 چۈنكى مانا، مەن زېمىندا بىر پادىچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەنكى، ئۇ ھالاك بولاي دېگەنلەردىن خەۋەر ئالمايدۇ، تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدىمەيدۇ، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدۇ، ساغلاملارنىمۇ باقمايدۇ؛ ئۇ بەلكى سەمرىگەنلەرنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا تۇياقلىرىنى يىرىپ يەيدۇ. \v 17 پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 11:17 \ft \+bd «پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق بابنىڭ خەۋىرىنى يىغىنچاقلىساق: (1) ئىسرائىل ئۆزىنىڭ مەنپەئەتپەرەس «پادىچىلىرى» تەرىپىدىن كۆپ ئازاب تارتقان. (2) بىراق بۇ ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتى بار. خۇدا مۇشۇ پادىچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى جازالىغان ھەم جازالايدۇ. ئىسرائىل خەلقى ياخشى پادىچىنى، يەنى خۇدانىڭ ئۆزىنى كەمسىتىدۇ. ئۇلار ئۇنى «30 كۈمۈش تەڭگە»نىڭ باھاسىدا كۆرىدۇ. (3) بۇ پۇل ئىبادەتخانىدا تاشلىۋېتىلىدۇ؛ (4) ئۇلار ھەقىقىي پادىچىنىڭ بېقىشىنى رەت قىلىدۇ، شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ناھايىتى رەزىل بىر پادىچىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ؛ (5) خۇدا مۇشۇ رەزىل پادىچىنى ۋە بارلىق مەنپەئەتپەرەس پادىچىلارنىمۇ قاتتىق جازالايدۇ. \fp ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «ئۆزۈم ياخشى پادىچىدۇرمەن» دېگەن ئەيسا مەسىھ يەھۇدانىڭ 30 كۈمۈش تەڭگە ئۈچۈن ساتقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن؛ كېيىن يەھۇدىي خەلقى رەزىل مەنپەئەتپەرەس يېتەكچىلەرنىڭ كاساپىتىدىن يەنە بىر قېتىم (رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن) دۇنيانىڭ چەت-چەتلىرىگىچە تارقىتىۋېتىلگەن. بۇ ئىشلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 11:17 \xt يەر. 23‏:1؛ ئ‍ەز. 34‏:2؛ يـۇھ. 10‏:12\x* \b \b \m \c 12 \s1 يېرۇسالېمنىڭ ئاخىرقى قېتىم مۇھاسىرىگە چۈشۈشى ــ ئىسرائىللار ئۆزى ئۆلتۈرگەن قۇتقۇزغۇچىسىنى كۆرىدۇ \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت: ــ \m ئاسمانلارنى يايغۇچى، يەرنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇنىڭ ئىچىدە ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 2 مانا، مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرگە كىشىلەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئاپقۇر قىلىمەن؛ يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان مۇھاسىرە يەھۇداغىمۇ چۈشىدۇ. \m \v 3 شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى بارلىق ئەللەرگە ئېغىر يۈك بولغان تاش قىلىمەن؛ كىم ئۇنى ئۆزىگە يۈكلىسە يارىلانماي قالمايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ. \v 4 شۇ كۈنى مەن ھەممە ئاتلارنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئاتلىقلارنى ساراڭ قىلىپ ئۇرىمەن؛ بىراق يەھۇدا جەمەتىنى كۆزۈمدە تۇتىمەن؛ ئەللەردىكى ھەربىر ئاتنى بولسا كورلۇق بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن. \v 5 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرى كۆڭلىدە: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئارقىلىق ماڭا كۈچ بولىدۇ» دەيدۇ. \m \v 6 شۇ كۈنى مەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرىنى ئوتۇنلار ئارىسىدىكى ئوتداندەك، ئۆنچىلەر ئارىسىدىكى مەشئەلدەك قىلىمەن؛ ئۇلار ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنى، يەنى ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكىلەرنى يەۋېتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىكىلەر يەنە ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېم شەھىرىدە تۇرىدىغان بولىدۇ. \f □ \fr 12:6 \ft \+bd «مەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرىنى... ئۆنچىلەر ئارىسىدىكى مەشئەلدەك قىلىمەن»\+bd* ــ «ئۆنچىلەر» ــ بۇغداي ياكى ئارپا باغلاملىرى.\f* \v 7 پەرۋەردىگار ئاۋۋال يەھۇدانىڭ چېدىرلىرىنى قۇتقۇزىدۇ؛ سەۋەبى ــ داۋۇت جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ شان-شەرىپى يەھۇدانىڭكىدىن ئۇلۇغلانماسلىقى ئۈچۈندۇر. \v 8 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغدايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەلەڭشىپ قالغانلارمۇ شۇ كۈنى داۋۇتتەك پالۋان بولىدۇ؛ داۋۇت جەمەتى بولسا خۇدادەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدەك كۈچلۈك بولىدۇ. \m \v 9 شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن بارلىق ئەللەرنى ھالاك قىلىشقا كىرىشىمەن. \v 10 ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. \f □ \fr 12:10 \ft \+bd «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ». \+bd «بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ بۇ بېشارەت ئىسرائىلنىڭ ئۆز قۇتقۇزغۇچى-خۇداسىنى سانجىيدىغانلىقىنى ياكى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، پۈتۈن خەلق ئاخىرقى زاماندا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق بۇنى بىلىپ يېتىپ، قاتتىق ماتەم تۇتىدۇ. خۇدا شۇ چاغدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش يولىنى ئاچىدۇ (13-باب). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق يەنە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 12:10 \xt ئ‍ەز. 39‏:29؛ يو. 2‏:12، 13؛ يـۇھ. 19‏:36-37؛ ۋەھ. 1‏:7\x* \v 11 شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا غايەت زور يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ. \f □ \fr 12:11 \ft \+bd «... زور يىغا-زار... مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ»\+bd* ــ «ھاداد-رىممون» بەلكىم «مېگىددو يىلغىسىدىكى بىر جاي بولۇشى مۇمكىن. شۇ يەردە كۆتۈرۈلگەن يىغا-زار (ماتەم تۇتۇشى)» بەلكىم ئىلگىرىكى ئىنتايىن ئىخلاسمەن پادىشاھ يوسىيانىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن بولغان («2پاد.» 9-باب، «2تار.» 20:35-27-ئايەت).\f*  \x + \xo 12:11 \xt 2پاد. 23‏:29؛ 2تار. 35‏:22، 24\x* \v 12 زېمىن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ھەربىر ئائىلە ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. داۋۇت جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا، ناتان جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ \v 13 لاۋىي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ شىمەي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ \v 14 بارلىق تىرىك قالغان ئائىلىلەر، يەنى ھەربىر ئائىلە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. \b \b \m \c 13 \m \v 1 شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ.\x + \xo 13:1 \xt لاۋ. 16؛ 23‏:26-32؛ زەك. 12‏:10-14؛ رىم. 11‏:26\x* \m \v 2 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. \f □ \fr 13:2 \ft \+bd «مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن»\+bd* ــ بۇ پەيغەمبەرلەر ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بولسا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى دۇنياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق بولىدۇ.\f* \v 3 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. \f □ \fr 13:3 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇدادىن شۇنچە ئەيمىنىدۇكى، ئۆز ئوغلىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 13:3 \xt قان. 13‏:6-11؛ 18‏:20\x* \v 4 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ \f □ \fr 13:4 \ft \+bd «ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ»\+bd* ــ ئىلياس، ئېلىشا ۋە يەھيا پەيغەمبەرلەر مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددىي كىيىم كىيگەن.\f* \v 5 ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 13:5 \ft \+bd «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئادەمنىڭ مەدىكارى بولۇپ كەلدىم».\f* \v 6 ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.\f □ \fr 13:6 \ft \+bd «ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ»\+bd* ــ «مەيدەڭدىكى زەخمەتلەر» ئىبرانىي تىلى بويىچە سۆزمۇسۆز ئالساق «ئىككى قولۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى زەخمەتلەر» بولىدۇ. «بۇتپەرەس پەيغەمبەرلەر» جىن-شەيتانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پات-پات ئۆز تېنىنى كېسىۋالاتتى ۋە ئاخىرقى زاماندىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن («1پاد.»، 28:18-ئايەتتە مىسال كۆرۈلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇشۇنداق زەخمەتلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ساختا پەيغەمبەر زەخمەتلىرىدىن خىجىل بولۇپ روشەن بىر يالغان باھانىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 ھەقىقىي پادىچىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت \m \v 7 ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن. \f □ \fr 13:7 \ft \+bd «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللار ئۈستىگىمۇ قارشى چۈشۈرىمەن». بىراق بىزنىڭ تەرجىمىمىز 8-ئايەتكە ماسلىشىدۇ؛ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا ئۆزىگە تەۋە كىچىك پېئىللىقلارنى قوغدايدۇ.\f*  \x + \xo 13:7 \xt قان. 37‏:42؛ يەش. 26‏:20؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ لۇقا 22‏:35-38؛ يـۇھ. 18‏:8\x* \v 8 زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ. \v 9 ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ.\x + \xo 13:9 \xt زەب. 50‏:3-5، 15؛ 91‏:15؛ 144‏:15؛ مال. 3‏:1-4؛ يـۇھ. 20‏:28؛ 1پېت. 1‏:6.\x* \b \b \m \c 14 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقى \m \v 1 مانا، پەرۋەردىگارغا خاس كۈن كېلىدۇ؛ \add ئۇ كۈنى\add* ئاراڭدىن مال-مۈلكۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ. \x + \xo 14:1 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات .24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13.\x* \v 2 مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ.\x + \xo 14:2 \xt يەش. 13‏:16\x* \m \v 3 ئاندىن پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ. \f □ \fr 14:3 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ»\+bd* ــ «جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك» بەلكىم پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغان كۈنىنى («مىس.» 14-15-باب) ياكى يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ ئامورىيلار بىلەن قىلغان جېڭىنى كۆرسىتىدۇ («يەشۇئا» 10-باب).\f*  \x + \xo 14:3 \xt يەش. 42‏:13\x* \v 4 ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. \f □ \fr 14:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر ئىنجىلدىن شۇنى بىلىدۇكى، ئەيسا مەسىھ دۇنيادىن ئايرىلىپ كەتكەندە ئۇ دەل مۇشۇ تاغدىن كۆتۈرۈلگەن، ۋە شۇ چاغدا پەرىشتىلەر روسۇللىرىغا: «ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كەتتى. بىراق ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە دەل سىلەر كۆرگەن پېتى قايتىپ كېلىدۇ» ــ دېدى. \+bd «شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ»\+bd* ــ گېئولوگلار زەيتۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەرقتىن-غەربكە سوزۇلغان بىر «يەر پوستى ئۈزۈلمىسى»نى تاپقان. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە يېرىلىشنى كۈتمەكتە.\f*  \x + \xo 14:4 \xt دان. 7‏:13؛ ئ‍ەز.11‏:23؛ مات. 24‏:30؛ مار. 13‏:26؛ لۇقا 21‏:27؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \v 5 ۋە سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ؛ سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانىڭ كۈنلىرىدە بولغان يەر تەۋرەشتە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ! \f □ \fr 14:5 \ft \+bd «سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ»\+bd* ــ «ئازەل»نىڭ قەيەردىلىكى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم. ھازىرقى ئەھۋالدا، يېرۇسالېمدىن شەرققە قېچىش مۇمكىن ئەمەس؛ «كىدرون جىلغىسى»، شۇنداقلا ئىنتايىن تىك بولغان زەيتۇن تېغىنىڭ ئۆزى مۇشۇنداق «قېچىش يولى»نى توسۇۋالىدۇ. \+bd «ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ!»\+bd* ــ «مۇقەددەس بولغۇچىلار» بارلىق كېرۇب-پەرىشتىلەر ۋە بەلكىم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى كۆرسىتىدۇ («1تېس.» 13:4-17نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 14:5 \xt ئام. 1‏:1\x* \v 6 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛ \v 7 بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ.\f □ \fr 14:7 \ft \+bd «بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ نۇر مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. دېمەك، شۇ كۈنلەردە كېچىدە كۈندۈزگە ئوخشاش يورۇقلۇق بولىدۇ. خۇداغا نىسبەتەن بۇ «مىڭ يىل» پەقەت «بىر كۈن»دەك بولىدۇ («2پېت.»، 8:3، «ۋەھ.» 20-بابنى كۆرۈڭ). بىز بۇ پىكىرگە قوشۇلىمىز. «قوشۇمچە سۆز»دە ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 14:7 \xt ۋەھ. 21‏:25\x* \m \v 8 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ.\f □ \fr 14:8 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ \+bd*\+bdit ، يەنى سۇلارنىڭ\+bdit* يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ...» ــ «شەرقىي دېڭىز» يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»، «غەربىي دېڭىز» يەنى «ئوتتۇرا دېڭىز».\f*  \x + \xo 14:8 \xt ئ‍ەز. 47‏:1-12؛ يو. 3‏:18؛ ۋەھ. 22‏:1\x* \m \v 9 پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، \add يەر يۈزىدە\add* بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ. \f □ \fr 14:9 \ft \+bd «پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ...»\+bd* ــ دېمەك، نە ئىسرائىللار نە ئەللەر ھېچقانداق بۇتنى (بۇرۇنقىدەك خالىغانچە) «پەرۋەردىگار» دەۋالمايدۇ.\f* \v 10 گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن «ئاراباھ»دەك تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ؛ \f □ \fr 14:10 \ft \+bd «يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ ««بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە»» دېگەن ئارىلىق يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىن غەربىغىچە بارلىق جايلارنى ۋە ««خانانەلنىڭ مۇنارى»دىن «پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرى»گىچە» دېگەن ئارىلىق ئۇنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە بولغان بارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، پۈتۈن شەھەرنى بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن شەھەر كۆتۈرۈلىدۇ. \+bd «لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار (60 كىلومېترچە ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە) تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. شۇنداق دېگىنى بىلەن «شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ».\f* \v 11 ئادەملەر يەنە ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. «ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ.\f □ \fr 14:11 \ft \+bd ««ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ»\+bd* ــ «ھالاك پەرمانى» ــ ئۆتكەندە خۇدا (ئېغىر گۇناھ تۈپەيلىدىن) مەلۇم بىر نەرسە، ئادەم، ئائىلە، شەھەر ياكى ھەتتا پۈتۈن بىر خەلق توغرۇلۇق «ھالاك پەرمانى» چۈشۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش كېرەك ئىدى. دېمەك، ئىسرائىلدا ھازىر «ھالاك پەرمانى» چۈشۈرۈلگۈدەك گۇناھلار ھېچ تېپىلمايدۇ.\f* \m \v 12 ۋە پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋابا شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئۆرە بولسىلا گۆشلىرى چىرىپ كېتىدۇ؛ كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ؛ تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ. \f □ \fr 14:12 \ft \+bd «كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزى». \+bd «تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تىلى».\f* \v 13 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەرۋەردىگاردىن زور بىر ئالاقزادىلىك چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىنى تۇتۇشىدۇ، ھەربىرىنىڭ قولى يېقىنىنىڭ قولىغا قارشى كۆتۈرۈلىدۇ. \v 14 يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جەم قىلىپ يىغىلىدۇ ــ سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولىدۇ. \v 15 ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىدا بولغان بارلىق مال-ۋارانلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋابا يۇقىرىقى ۋاباغا ئوخشاش بولىدۇ. \m \v 16 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ. \x + \xo 14:16 \xt يەش. 66‏:23\x* \v 17 شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى قوۋم-جەمەتلەردىن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەتكە چىقمىغانلار بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغمايدۇ. \m \v 18 مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ. \f □ \fr 14:18 \ft \+bd «مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ مىسىرنىڭ تېرىقچىلىقى يامغۇرغا ئانچە تايانمايدۇ، بەلكى نىل دەرياسىغا تايىنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلارغا ئەسكەرتىلىدۇكى، قوشۇمچە بىر «ۋابا» ئۇلارغا چۈشىدۇ. بۇ قانداق ۋابا دېيىلمىدى.\f* \v 19 بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسى بولىدۇ. \m \v 20 شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛ \v 21 يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ.\f □ \fr 14:21 \ft \+bd «... پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارغا قارىتا پاك-مۇقەددەسلىك» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزلەر باش كاھىننىڭ بېشىغا تاقالغان ئالتۇن ئوتۇغاتقا نەقىشلەنگەن («مىس.» 36:28نى كۆرۈڭ). \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ»\+bd* ــ «قانائانلىق-سودىگەر» ئىبرانىي تىلىدا «قانائانلىق»، پەلەستىندىكى قەدىمكى بۇتپەرەس مىللەتلەرنى ھەم «سودىگەر» دېگەن ئىككى مەنىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ھېچقانداق بۇتپەرەس (خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان) كىشى ياكى «ئىبادەتنى سودىغا ئايلاندۇرىدىغان» مەنپەئەتپەرەس بولغۇچى تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 14:21 \xt يەش. 35‏:8؛ يو. 3‏:17؛ ۋەھ. 21‏:27؛ 22‏:15\x*