\id TIT \h تىتۇسقا \toc1 تىتۇسقا \toc2 تىتۇسقا \toc3 تىت. \mt1 تىتۇسقا \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس تىتۇسقا يازغان مەكتۇپ •••• سالام \m \v 1 خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن، خۇدانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ساڭا سالام ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن...»\+bd* ــ بۇ سۆز بولسا: (1) خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغان خەلقىگە تاپشۇرغان ئۆزگەرمەس ئېتىقادقا مۇۋاپىق، خۇدانىڭ ئۇنىڭدا بولغان مەقسىتى ئۈچۈن؛ (2) خۇدانىڭ تاللىغانلىرىنى مۇشۇ ئېتىقادقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن؛ (3) خۇدانىڭ تاللىغانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن دېگەن ئۈچ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.\f* \v 2 (بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ \x + \xo 1:2 \xt چۆل. 23‏:19؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 2‏:13؛ 1پېت. 1‏:20. \x* \v 3 لېكىن \add ھازىر\add* ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇنىڭ كالام-خەۋىرىنى ئۆز ئەمرى بىلەن ماڭا تاپشۇرغان جاكار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى) \x + \xo 1:3 \xt روس. 20‏:24؛ 2كور. 2‏:12؛ 7‏:14؛ 8‏:6،16؛ گال. 1‏:1؛ 2‏:3. \x* \v 4 ــ ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا سالام! خۇدائاتىمىز ۋە نىجاتكارىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا...»\+bd* ــ بۇ ئىبارە شۈبھىسىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تىتۇس خۇش خەۋەرنى ئەسلىدە پاۋلۇستىن ئاڭلىغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ھاياتقا ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن (پاۋلۇس باشقا يەرلەردە كۆپ ئېيتقىنىدەك) روھىي جەھەتتىن تىتۇسنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق «تۇغدى» ۋە ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ئاتىدەك بولدى.\f*  \x + \xo 1:4 \xt ئ‍ەف. 1‏:2؛ كول. 1‏:2؛ 2تىم. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \b \m \s1 تىتۇسنىڭ كرېت ئارىلىدىكى خىزمىتى \m \v 5 سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. \x + \xo 1:5 \xt 2تىم. 2‏:2. \x* \v 6 ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى \add ئاتا-ئانىسىغا\add* بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك. \f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق... بولۇشى كېرەك»\+bd* ــ «بىر ئاياللىق» ياكى «بىر ئايالنىڭ ئېرى»، بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇ توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ... كېرەك»\+bd* ــ ياكى، «پەرزەنتلىرى بولسا سادىق بولۇشى... كېرەك».\f*  \x + \xo 1:6 \xt 1تىم. 3‏:2. \x* \m \v 7 چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ \add ئائىلىسىگە\add* غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، \f □ \fr 1:7 \ft \+bd « جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ ئائىلىسىگە غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس...»\+bd* ــ «باشباشتاق» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز «شەخسىيەتچى، مەنمەنچى» دېگەن مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس...»\+bd* ــ «نەپسانىيەتچى» گرېك تىلىدا «ئۆزىنى بۇلغايدىغان نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەن» دېگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، پۇل ۋە مال-دۇنيانى قوغلىشىش ئىنساننى ھارام قىلىپ بۇلغايدۇ. بۇ تېما توغرىسىدا يەنە «لۇقا» 9:16-11 ۋە شۇ ئايەتلەردىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «لۇقا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى 16-باب توغرۇلۇق «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:7 \xt لاۋ. 10‏:9؛ مات. 24‏:45؛ 1كور. 4‏:1؛ ئ‍ەف. 5‏:18؛ 1تىم. 3‏:3،15؛ 1پېت. 5‏:2. \x* \v 8 بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:8 \xt 1تىم. 3‏:2. \x* \v 9 ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ «ساغلام تەلىم» بولسا پاۋلۇسنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىبارىسى. خۇدادىن كەلگەن تەلىم ھەقىقەت، توغرا ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلاردا ساق، ساغلام روھىي ھاياتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ.\f* \m \v 10 چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «... كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار»\+bd* ــ «خەتنىلىكلەردىن چىققانلار» يەھۇدىيلار ياكى ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ «سىناگوگ»ىغا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن خەتنە قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «خەتنىلىكلەر»نى خەتنىلىكنى قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ تەلىم بەرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى 11-ئايەتكە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ھەرتۈرلۈك زىيانلىق تەلىملىرى بار ئىدى.\f*  \x + \xo 1:10 \xt روس. 15‏:1. \x* \v 11 ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا»\+bd* ــ «ھارام دۇنيانى دەپ»: ــ تەلىم (مەيلى توغرا بولسۇن، ناتوغرا بولسۇن) بېرىشتىكى مەقسەت دۇنياغا ئېرىشىش بولسا بەرىبىر ھارام ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:11 \xt مات. 23‏:14؛ 2تىم. 3‏:6. \x* \v 12 شۇلاردىن بىرى، يەنى \add كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ\add* ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «شۇلاردىن بىرى، يەنى كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن»\+bd* ــ كرېتلىق شائىر ئېپىمېنىدىس، مىلادىيەدىن ئىلگىرى ئالتىنچى ئەسىردە يازغان شېئىر. «ھۇرۇن تويمىغۇرلار» گرېك تىلىدا «لۆم-لۈم ئاشقازانلار» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىدىن باشقا ئەزالىرى يوق ئوخشايدۇ.\f* \m \v 13‏-14 بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن.\f □ \fr 1:13‏-14 \ft \+bd «شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن...»\+bd* ــ «يەھۇدىي ئەپسانىلەر» توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىز (4:1 ۋە 7:4-ئايەتلەر ئۈستىدە توختالغىنىمىز)نى كۆرۈڭ. \+bd «...ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن»\+bd* ــ «ئۇلارنى» بولسا «كرېتتىكى ئېتىقادچىلارنى».\f*  \x + \xo 1:13‏-14 \xt يەش. 29‏:13؛ مات. 15‏:9؛ كول. 2‏:22؛ 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20. \x* \m \v 15 پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. \x + \xo 1:15 \xt مات. 15‏:11؛ 23‏:25؛ روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:20،23. \x* \v 16 ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر. \b \b \m \c 2 \s1 ساغلام تەلىمگە لايىق ياشاش \m \v 1 لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. \v 2 ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. \v 3 شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. \x + \xo 2:3 \xt 1تىم. 2‏:9؛ 5‏:13؛ 1پېت. 3‏:3. \x* \v 4‏-5 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. \x + \xo 2:4‏-5 \xt يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1پېت. 3‏:1. \x* \m \v 6 شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. \v 7 ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، \x + \xo 2:7 \xt 1تىم. 4‏:12؛ 1پېت. 5‏:3. \x* \v 8 ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ. \x + \xo 2:8 \xt 1پېت. 2‏:12،15؛ 3‏:16. \x* \m \v 9 قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، \x + \xo 2:9 \xt ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1، 2؛ 1پېت. 2‏:18. \x* \v 10 ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ. \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «... ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئېتىقادنىڭ ھەر جەھەتتە ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن».\f* \m \v 11 چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ \v 12 ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، \x + \xo 2:12 \xt ئ‍ەف. 1‏:4. كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ 1يۇھ. 2‏:16. \x* \v 13 ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ»\+bd* ــ تولۇق 12-13-ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭ بىلەن مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز».\f*  \x + \xo 2:13 \xt 1كور. 1‏:7؛ فىل. 3‏:20. \x* \v 14 ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى»\+bd* ــ تەۋرات، «زەب.» 8:130، «ئەز.» 23:37، «قان.» 2:14نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:14 \xt گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 2‏:10؛ 5‏:2؛ ئىبر. 9‏:14. \x* \m \v 15 بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. \x + \xo 2:15 \xt 1تىم. 4‏:12. \x* \b \b \m \c 3 \s1 ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار \m \v 1 \add جامائەتتىكىلەرگە\add* شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، \x + \xo 3:1 \xt رىم. 13‏:1، 3-7؛ 1پېت. 2‏:13. \x* \v 2 ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ نېمە مەنىسى بارلىقى توغرۇلۇق «كولوسسىدىكىلەرگە»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (12:3 ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى) كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:2 \xt فىل. 4‏:5؛ 2تىم. 2‏:24،25. \x* \m \v 3 چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. \x + \xo 3:3 \xt 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:1؛ كول. 3‏:7؛ 1پېت. 4‏:3. \x* \v 4 بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، \v 5 (ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «... يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى»\+bd* ــ «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى» گرېك تىلىدا «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتىكى «داس سۈيى»». تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە تەن ئەزالىرىنى يۇيۇش ئەمەس، ئادەمنىڭ پۈتكۈل روھىنىڭ يۇيۇنىشى كۆرسىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:5 \xt روس. 15‏:11؛ رىم. 3‏:20، 28؛ 4‏:2، 6؛ 9‏:11؛ 11‏:6؛ گال. 2‏:16؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 2‏:4، 9؛ 2تىم. 1‏:9. \x* \v 6 بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى.\x + \xo 3:6 \xt ئ‍ەز. 36‏:25. \x* \v 7 بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. \m \v 8 بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق. \m \v 9 بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى \add قۇرۇق گەپلەر\add*، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر.\x + \xo 3:9 \xt 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20؛ تىت. 1‏:14. \x* \m \v 10 ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت»\+bd* ــ «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەم» جامائەتنى (بەلكىم ئادەمنى ئازدۇرىدىغان تەلىم بىلەن) بۆلمەكچى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 3:10 \xt مات. 18‏:17؛ رىم. 16‏:17؛ 2تېـس. 3‏:6؛ 2تىم. 3‏:5؛ 2يۇھ. 10. \x* \v 11 چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن. \b \m \s1 ئاخىرقى سۆز \m \v 12 ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. \x + \xo 3:12 \xt روس. 20‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:21؛ 2تىم. 4‏:12. \x* \v 13 ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. \x + \xo 3:13 \xt روس. 18‏:24؛ 1كور. 1‏:12. \x* \v 14 بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. \m \v 15 يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت. \m مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي!