\id SNG \h كۈيلەرنىڭ كۈيى \toc1 كۈيلەرنىڭ كۈيى \toc2 كۈيلەرنىڭ كۈيى \toc3 كۈي. \mt1 كۈيلەرنىڭ كۈيى \c 1 \m \v 1 «كۈيلەرنىڭ كۈيى» ــ سۇلايماننىڭ كۈيى.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «شەرھ»\+bd* ــ بۇ ماۋزۇ «كۈي-ناخشىلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئېسىل كۈي-ناخشا» دېگەن مەنىدە. سۇلايمان جەمئىي 1005 كۈي-ناخشا يازغان («1پاد.» 32:4).\f*  \x + \xo 1:1 \xt 1پاد. 4‏:32\x* \b \m \s1 بىرىنچى قىسىم ــ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى •••• {1:2-5:1} •••• بىرىنچى خاتىرە ــ توي كۈنى ئۈستىدە بولغان ئويلار {1:2-2:7} •••• بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ ئوردىسىدا ــ توي زىياپىتىگە تەييارلىنىش {2:1-8:1} •••• شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 2 «ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛ \m چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئاغزىدىكى سۆيۈشلىرى بىلەن سۆيسۇن!». \+bd «چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر»\+bd* ــ «مۇھەببىتىڭ» ئىبرانىي تىلىدا كۆپلۈك شەكلىدە بولۇپ (مۇھەببەتلىرىڭ) مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئىپادە-ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \fp 2-4-ئايەتنىڭ شەرھى: مۇشۇ يەردە شۇلامىت توينىڭ بىرىنچى زىياپىتى ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. نىكاھ مۇراسىمى ئاللىقاچان ئۆتكۈزۈلگەن: 2-ئايەتتە قىزىق يېرى شۇكى، شۇلامىت بايانىنى پەقەت «ئۇ» بىلەن باشلايدۇ ــ كىم ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ! چۈنكى سۆيگۈچى كىشىگە نىسبەتەن ھەردائىم پەقەت بىردىنبىر «ئۇ» بار!\f* \m \v 3 خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ \m قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ \m شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. \m كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ \m بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! \m ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!»\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى!\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى شۇلامىتنىڭكى، بىراق «يېرۇسالېم قىزلىرى»نى ئۆزى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى!» ئېيتىدۇ.\f* \b \m \s1 يېرۇسالېم قىزلىرى سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 4 «بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ \m سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز».\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەرنى «شۇلامىت»قا ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن يېرۇسالېم قىزلىرى شۇلامىتقا قولداش بولۇپ ئۇ ۋە سۇلايمان ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتىدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت «يېرۇسالېم قىزلىرى»غا جاۋاب قىلىدۇ \m \v 5 «ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». \m ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! \m بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، \m سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە شۇلامىت سۆز قىلىدۇ. ئاۋۋالقى گەپنى ئۇ سۇلايمانغا ئېيتىدۇ. «ئۇلار» ــ مۇشۇ يەردە يېرۇسالېم قىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 6 ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار، \m چۈنكى قارىدۇرمەن، \m چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛ \m ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛ \m شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛ \m شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن».\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «\+bd*\+bdit 5-6-ئايەت\+bdit* شەرھى» ــ يېرۇسالېم قىزلىرىنىڭ سۇلايماننى تەرىپلىشى شۇلامىتقا ئۆزىنىڭ «قارا تەنلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن بىر ياكى بىرقانچە قېتىم رەنجىپ ئۇنى ئۈزۈمزارلاردا ئىشلەشكە ئەۋەتكەن. ئۈزۈمزارلاردا سايە ئاز بولغاچقا ئۇ «قارا تەنلىك» بولۇپ قالغان. \fp ئىبرانىي تىلىدا «مەندىن رەنجىدى» ۋە «مېنى كۆيدۈردى» دېگەن ئىبارىلەر ئوخشاش. \fp «ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن» ــ بۇ بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ: «مەن ھەردائىم دالادا بولغاچقا، ئۆزۈمنى ئاسراش، ئۆزۈمنىڭ گۈزەللىكىمنى ساقلاش-بېزەش، پەردازلاش ۋاقتىم يوق ئىدى» دېگەنلىكتۇر. \fp كېدارلىقلار چارۋىچى خەلق ئىدى، ھەردائىم چېدىرلاردا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى قاپقارا بولسا كېرەك. بىراق «سۇلايماننىڭ پەردىلىرى» بولسا قارا ياكى توق رەڭلىك بولغىنى بىلەن، بىراق شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق گۈل-نۇسقىلىرى بار ئىدى.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 7 «ھەي، جېنىم سۆيگىنىم، دېگىنە، \m پاداڭنى قەيەردە باقىسەن؟ \m ئۇنى كۈن قىيامىدا قەيەردە ئارام ئالغۇزىسەن؟ \m ھەمراھلىرىڭنىڭ پادىلىرى يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟» \f □ \fr 1:7 \ft \+bd «\+bd*\+bdit 7-ئايەت\+bdit* شەرھى» ــ شۇلامىت ھازىر ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقى مۇھەببەتلەشكەن كۈنلىرىنى ئەسلىتىدۇ. شۇ چاغلاردا سۇلايمان پادىشاھ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پادىچى قىياپىتىدە شۇلامىتنىڭ يۇرتى، يەنى گالىلىيەگە كەلگەن بولسا كېرەك. شۇڭا شۇلامىت سۇلايماننى ئاددىي بىر پادىچى ئىكەن دەپ ئويلىغان. شۇلامىت ئۇنىڭغا كۆيۈپ ئۇنى ئىزدىگەندە، ئۇ پادىلار كۆپ بولغان يەرلەردە (سۇلايماننىڭ «ھەمراھلىرى» بولغان باشقا پادىچىلار بار يەرلەردە) ئايلىنىپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىنى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىزاغا قويماسلىق ئۈچۈن، شۇلامىت ئۆزى بىرنەچچە قوزىنى ئېلىپ (8-ئايەت)، پادىچىنىڭ قىياپىتىدە ئۆز چىرايىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن چۈمپەردە تارتىۋالغان. بىراق شۇنداق نىقابلىنىش بىلەن ئۇنىڭ قىياپىتى پاھىشە ئايالنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان (توي قىلىۋاتقان قىزلار چۈمپەردە ئارتقاندەك، پاھىشە ئاياللار شۇ چاغدا چۈمپەردە ئارتاتتى. ئۇلار شۇ تۇرقىدا ئەرلەرگە: «مەن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن توي قىلغۇدەكمەن» دەپ ئىپادىلەيتتى ۋە ھەمدە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يوشۇرالايتتى، ئەلۋەتتە). \fp ئەگەر ئۇ «سۆيگەن پادىچى» ئۆز پادىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسا، بۇنداق ئاۋارىچىلىك ياكى سەتلىكنىڭ ھاجىتى يوق بولاتتى، ئەلۋەتتە. «كۈن قىيامدا» پادىسى ھېچ كۆچمەي، مۇقىم بىر جايدا مىدىرىماي يېتىشى مۇمكىن. \fp \+bd «...يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نېمىشقا تېنەپ كەتكەن بىرسىدەك چۆرگىلەپ يۈرەي؟».\f* \b \m \s1 سۇلايمان شۇلامىتنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 8 «ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ، \m پادامنىڭ باسقان ئىزلىرىنى بېسىپ مېڭىپ، \m پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن». \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ،...»\+bd* ــ بەزى ئالىملار، بۇ جاۋابنى «يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى» بەرگەن، دەپ قارايدۇ. \+bd «پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن»\+bd* ــ ياكى «پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن». \fp \fp 8-ئايەتنىڭ شەرھى: بۇ ئايەتنى شەرھلەش تەس. بىزنىڭچە مەنىسى بەلكىم تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. سۇلايمان پادىشاھنىڭ جاۋابىنىڭ كۆچمە مەنىسى بار. پادىشاھنىڭ «مېنىڭ پادام»ى قويلار ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى، «پادامنىڭ ئىزلىرى» بولسا پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ھېيت-بايرام ۋاقىتلىرىدا يېرۇسالېمغا چىققان ئىزلىرىدۇر، دېمەكچى. شۇڭا جاۋابنىڭ كۆچمە مەنىسى: «سەن ماڭا تېگەي دېسەڭ، ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭنى تاشلاپ، يات يۇرتتا، يات ئەھۋالدا، يەنى پايتەخت يېرۇسالېمدا (سۇلايماننىڭ «چېدىرى»دا، يەنى ئۇنىڭ ئوردىسىدا، دېمەك) تۇرۇشقا رازى بولۇشۇڭ كېرەك» دېگەنلىكتۇر. «ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن» دېگەن سۆز، بەلكىم «ماڭا تەگسەڭ، سېنىڭمۇ «باشقىلارنى بېقىش» مەسئۇلىيىتىڭ بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر.\f* \b \m \s1 ئىككىنچى ئويلىنىش ــ توي زىياپىتىدىكى داستىخان ئۈستىدە بولغان ئويلار •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ \m \v 9 «ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛ \m \v 10 سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن، \m بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر. \m \v 11 بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، \m ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز».\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «(9-11-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەملىكەتلەردە ئاتلار ئىنتايىن قەدرىلىنىپ، «ئۇلاغ» ئورنىدا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ ھەمراھى دەپ قارالغان؛ سۇلايمان ئۆزى ئاتلارغا بەك ئامراق ئىدى. مىسىرنىڭ ئاتلىرى بولسا ئەڭ ئېسىل ئىدى؛ پىرەۋننىڭ ئاتلىرى مىسىرنىڭ ئەڭ ئېسىل ئېتى بولۇپ، چىرايلىق جابدۇلاتتى، ئەلۋەتتە. \fp شۇنىڭدەك ئايەتنىڭ يەنە بىر نۇسقىسى بار؛ مىسىردىكى جەڭ ھارۋىلىرىنى تارتقان ئاتلار ئادەتتە بايتاللار ئەمەس، ئايغىرلار ئىدى؛ شۇڭا سۇلايمان بۇ ئوخشىتىشى بىلەن، بەلكىم ئۆزىنىڭ شۇلامىت بىلەن بىللە بولغىنىدىن ھاياجانلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 12 «پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛ \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ»\+bd* ــ «سۇمبۇل» ئوتتۇرا شەرقتىكى ناھايىتى خۇشپۇراقلىق بىرخىل ئۆسۈملۈك.\f* \m \v 13 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، \m ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر»\+bd* ــ «مۇرمەككى» بىرخىل ئەتىر. ئاياللار ئۇنى كىچىككىنە بىر مونەك قىلىپ باغلاپ بوينىغا ئېسىپ قويسا، ئۇ پۈتۈن كۈن خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ.\f* \m \v 14 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر».\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «... ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە) «ئەن-گەدى»نىڭ ئۈزۈمزارلىرى ئەڭ ئېسىلدۇر.\f* \b \m \s1 ئۈچىنچى ئويلىنىش ــ توي ھۇجرىسىدا بولغان ئويلار   {1:15-2:7} •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ \m \v 15 «مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! \m مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! \m كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!»\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «(15-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ «كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك گۈزەل» ــ ياكى «كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەك گۈزەل»؛ ياكى «پاختەكلەرنىڭ گۈزەل تەبىئىتى ئەكس ئەتكەندەك» ياكى «پاختەكلەرنىڭ قاناتلىرى جەۋلان قىلغاندەك شۇلامىتنىڭ كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى»، دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار. ئوتتۇرا شەرقتە قىزلار بۈگۈنگە قەدەر يۈز قىسمىدىن سىرت بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىنى دېگۈدەك كىيىم-كېچەك بىلەن ئورىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، قىز-يىگىتلەر بىر-بىرى بىلەن سۆزلەشكەندە قىزنىڭ كۆزلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە. \fp ئىزاھات: ــ مۇشۇ ئايەتتە ۋە تۆۋەندە، «ئامرىقىم» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا دوستلۇق دېگەن ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇلامىت سۇلايماننى ۋە سۇلايمان شۇلامىتنى بۇ سۆز بىلەن ئۆزئارا «دوست» دەپ ئاتايدۇ. دوستلۇق ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى؛ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 16 «مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ \m بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ \m بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛ \m \v 17 ئۆيىمىزدىكى لىملار كېدىر دەرىخىدىن، \m ۋاسىلىرىمىز ئارچىلاردىندۇر. \b \b \m \c 2 \s1 داۋامى \m \v 1 مەن بولسام شارۇن ئوتلىقىدىكى زەپىران، خالاس؛ \m جىلغىلاردا ئۆسكەن بىر نىلۇپەر، خالاس!»\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «(1:2-16:1-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ ئۆي-ھۇجرا بايان قىلىنغان سۆزلەرگە قارىغاندا، سۇلايمان شۇلامىت ئۈچۈن ئۆز يۇرتىنى ئەسلىتىدىغان ئالاھىدە بىر ئۆينى ياكى ھۇجرىنى ياسىغان (شۇلامىت گالىلىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتىدا كېدىر، ئارچا ۋە قارىغاي دەرەخلىرى كۆپ ئىدى). باشقا بەزى ئالىملار بۇ ئايەتلەرنى، سۇلايمان بىلەن شۇلامىتنىڭ ئورمانلار ئارىسىدا مۇھەببەتلەشكىنىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق يېرۇسالېم ئەتراپىدا مۇنداق كېدىر، ئارچا ئورمانلىرى يوق ئىدى. \fp ئاخىردا شۇلامىت ئۆزىنى «بەك ئاددىي» دەپ ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئوتلاقتا بولىدىغان كىچىك ھەم «ئاددىي» ئىككى گۈلگە ئوخشىتىدۇ.\f* \b \m \s1 سۇلايمان شۇلامىتقا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 2 «تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، \m مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!».\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «(2-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ سۇلايمان شۇلامىتنىڭ ئوخشىتىشىنى تىلغا ئېلىپ، ئەسىچە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن زەپىران ياكى نىلۇپەر «ئاددىي» بولسىمۇ، ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى: ــ «ماڭا نىسبەتەن سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، باشقا قىزلارنى سەن بىلەن (تىكەنلەر ۋە نىلۇپەر ئوتتۇرىسىدىكىدەك) ھېچقانداق سېلىشتۇرغۇچىلىكى يوقتۇر».\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمان توغرۇلۇق سۆز قىلىدۇ \m \v 3 «ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك، \m ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم. \m ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛ \m ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛\x + \xo 2:3 \xt كۈي. 8‏:5\x* \m \v 4 ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛ \m ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ماڭا مۇھەببەت بىلەن قارىدى».\f* \m \v 5 مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ \m ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛ \m چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا كىشمىش پوشكاللار ۋە ئالمىلار جىنسىي مۇھەببەتنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، دەپ قارىلاتتى.\f* \m \v 6 ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا، \m ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ. \m \v 7 ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، \m جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، \m سىلەرگە تاپىلايمەنكى، \m مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، \m ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى-سائىتى بولمىغۇچە، *ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋاقتى-سائىتى بولمىغۇچە، سۆيۈملۈكۈمنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار! \+bd «(3-7-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ 3-ئايەتتە شۇلامىت سۇلايماننىڭ تەرىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى «»گە ئوخشىتىدۇ. ئالما دەرىخى ئەسلى پەلەستىن زېمىنىدا ئۆسمەيدۇ، پەقەت باشقا يۇرتلاردىن ئېلىپ كېلىنىپ بەزى يەرلەردە ئالاھىدە تىكىلگەن. شۇڭا ئالما دەرىخى ناھايىتى ئەتىۋارلىق ئىدى، كۆرگەنلا ئادەمنى ئىنتايىن خۇش قىلىۋېتەتتى. بەزى ئالىملار «ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى» دېگىنى شۇلامىتنىڭ سۇلايمان بىلەن بولغان جىنسىي مۇھەببەتلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. باشقىلار بۇنى مۇھەببەتنىڭ ھەر تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ئالما مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى؛ «كىشمىش پوشكاللار» دېگىنى بولسا، جىنسىي مۇھەببەتنى قوزغايدىغان يېمەكلىك ھېسابلىناتتى. \fp 7-ئايەت (مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى-سائىتى توغرىسىدا) ئۈستىدە ئۈچ مۇھىم پىكىر بار: \fp (1) مۇھەببەتنىڭ ئۆز تەبىئىي جەريانى بولىدۇ، باشقىلار ئۇنى بالدۇر قوزغىماقچى بولسا زىيان يەتكۈزىدۇ؛ \fp (2) (ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە) ئۆز جورىسىدا قىزغىن مۇھەببەتنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ؛ \fp (3) جىنسىي مۇھەببەتكە قانائەت قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى قوزغاشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ «ئىمكانىيەت» (ئا) پەقەت نىكاھ قىلىنغان ئەھۋالدا بولۇشى (ئە) ئىككى تەرەپكە مۇۋاپىق ۋاقىت بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. \fp بىزنىڭچە ئايەت بەلكىم بۇ ئۈچ مەنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \b \m \s1 ئىككىنچى خاتىرە: مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەر ئۈستىدىكى ئويلار {3:5-2:8} •••• تۆتىنچى ئويلىنىش ــ سۇلايماننىڭ ئەتىيازدا شۇلامىتنى يوقلاپ كەلگىنى توغرۇلۇق ئويلار {2:9-2:8} •••• شۇلامىت سۇلايمان توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ \m \v 8 «سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! \m مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! \m تاغلاردىن سەكرەپ، \m ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ! \m \v 9 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ \m مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ \m ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، \m ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ».\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «(8-9-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەردە (9-8) شۇلامىت بەلكىم سۇلايماننىڭ كۆڭلى ئۆزىگە چۈشكەن، ئۆزىنى «جەرەن، بۇغا»نىڭ سۈرئىتىدە قوغلىغان كۈنلەرنى ئەسلەيدۇ. سۇلايمان شۇلامىتنى يوقلىغىلى، ئۇنىڭ بىلەن ئەتىيازلىق مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا ھەمراھ بولۇشقا تەكلىپ قىلغىلى كەلدى (تۆۋەندىكى 10-17-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). \fp جەرەنلەر، بۇغىلارمۇ كونا زامانلاردا مۇھەببەتنىڭ سىمۋوللىرى ئىدى.\f* \b \m \s1 سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ \m \v 10 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛ \m \v 11 چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، \m يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛ \m \v 12 يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ \m ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، \m زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛ \m \v 13 ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا، \m ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛ \m ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن! \m \v 14 ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، \m قىيا دالدىسىدا، \m ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، \m چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!»\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «(12-14-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ سۇلايمان گالىلىيەدىكى ئىشلىرىنى قويۇپ قويۇپ، شۇلامىتنى يەنە يوقلاپ بېرىپ، ئۇنى ئەتىيازلىق مەنزىرىدىن بىللە ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن قىش بولسا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى قىلچە سوۋۇتمىدى. \fp 12-ئايەت ئۈستىدە؛ «سايراش ۋاقتى كەلدى» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق بولۇپ، ئىككىنچى مەنىسى: «چاتاش ۋاقتى كەلدى». بۇ ئىككى بىسلىقلىقى بەلكىم قەستەن ئىشلىتىلگەن. \fp 13-ئايەت ئۈستىدە؛ پاختەكلەر ئىنسانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇلايىم قۇش دەپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق «تارتىنچاق» بولىدۇ. سۇلايمان شۇلامىتنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى «قورام تاش يېرىقى ئىچىدە تۇرغان پاختەك»كە ئوخشىتىدۇ. ئۇ سۇلايماننىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە مۇتلەق بىخەتەر؛ ئۇ ھەرگىز سۆزلىرىدىن رەنجىمەيدۇ. ئۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندە كۆرۈلىدۇ (15-ئايەت).\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 15 «تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى، \m يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛ \m چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە».\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «(15-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ تۈلكىلەر ئۈزۈمزارلاردا تۆشۈكلەرنى ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە كولاپ، ئوۋ ئىزدەپ تال يىلتىزلىرىغا كۆپ زىيان يەتكۈزىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى «ئۈزۈمزار»، شۈبھىسىزكى، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە بەزى توسالغۇ ياكى دەخلى بولغان ئىشلارنى بايقاپ، دەرھال بۇ ئىشلارنى (مەيلى «كىچىك» بولسىمۇ) بىر تەرەپ قىلايلى دەپ ئۆتۈنىدۇ. ئۇلار شۇ چاغدا تېخى ئەر-خوتۇب بولمىسىمۇ، بۇنداق توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بالدۇرلۇق قىلمايتتى. \fp ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە توسالغۇ بولغان ناھايىتى چوڭ بىر ئىش سۇلايماننىڭ ئۆز خىزمىتى ۋە ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇلامىت «ئۆزۈم سۇلايماننى بۇ خىزمىتىنى خاتىرجەملىك بىلەن ئورۇنداشقا تولۇق قويۇۋېتىشىم كېرەك» دەپ چۈشىنىدۇ. «نېمىشقا سەن شۇنچە كۆپ ۋاقىت ئىشلەيسەن، سەن ماڭا ۋاقتىڭنى ئاجراتمايسەن، سەن مېنى سۆيمەيسەن» دېگەندەك پوزىتسىيە كۆپ ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇھەببىتىنى بۇزۇپ كەلمەكتە. شۇڭا تۆۋەندىكى 16-ئايەتتە، بىز سۇلايماننىڭ ئۆز خىزمىتىنى خاتىرجەملىك بىلەن قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇلامىت ئۇنى: «ئىش بىلەن ئالدىراش بولغىنىڭ بىلەن، سەن يەنىلا مېنى سۆيىسەن!» دېگەندەك تولۇق ئىشەنچ بىلەن سۇلايماننى ئۆز ئىشىغا قويۇۋەتكەن ئوخشايدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا سۆز قىلىدۇ \m \v 16 «سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛ \m ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ».\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «(16-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا، ئۆزىنىڭ سۇلايماننىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە «قورام تاش يېرىقى ئىچىدە تۇرغان پاختەك»تەك تولىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ. سۇلايمان ئۆزىنىڭ «پادا بېقىش» ئىشلىرى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 17 «تاڭ ئاتقۇچە، \m كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، \m ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، \m ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!».\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «(17-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئايەتتە بىز «مۇھەببەتنىڭ ئىشەنچى»نى كۆردۇق. ھازىر «مۇھەببەتنىڭ جىددىي تەلىپى»نى كۆرىمىز ــ خۇددى «تېزراق ئىشىڭنى تۈگىتىپ يېنىمغا قايتىپ كەل!» دېگەندەك. \fp ئىزاھات: «ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن...» ياكى ««بېتەر» تاغلىرى ئۈستىدىن...». «بېتەر تاغلىرى» دېگەن تاغلار بىزگە نامەلۇم؛ شۇڭا تەرجىمىمىزدىكىدەك «ئايرىۋېتىش» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 3 \s1 بەشىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىت قايتا-قايتا كۆرگەن «ئايرىلىش» توغرۇلۇق بىر چۈش {3:1-3:5} \m \v 1 «ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، \m جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ \m ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛\x + \xo 3:1 \xt توپ. 5‏:3\x* \m \v 2 مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛ \m كوچىلاردا، مەيدانلاردا، \m جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛ \m ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ \m \v 3 شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ \m «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. \m \v 4 ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ \m ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، \m ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، \m ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم».\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «(1-4-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ بىزنىڭچە 1-4-ئايەتلەر شۇلامىت سۇلايماندىن ئايرىلغان ۋاقىتتا قايتا-قايتا («كېچە-كېچىلەردە») كۆرگەن بىر چۈشنى بىلدۈرىدۇ (قىشتا بولۇشى مۇمكىن). بۇ كۆزقاراش توغرا بولسا مۇشۇ ئايەتلەردىن بىز «مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرى»نى كۆرىمىز. سۇلايماندىن ئايرىلىش شۇلامىت ئۈچۈن ئازابلىق ئىش بولۇپ، بۇ چۈشنى قوزغاپ چىقاردى. بىراق بۇ چۈش يەنىلا خۇدادىن كەلگەن ئوخشايدۇ، چۈنكى تۆۋەندىكى 6-11-ئايەتلەردە، سۇلايماننىڭ ئۇنى تويغا ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنلىكى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. \fp بۇ چۈشتىن يەنە شۇنى بىلەلەيمىزكى، شۇلامىت گالىلىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، سۇلايمان ئۆزىدىن ۋاقىتلىق (قىشتا) ئايرىلغان ۋاقىتتا، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ ۋە يېرۇسالېمدا ئۇچرايدىغان بارلىق سىناقلارغا يۈزلىنىشكە تەييار تۇرىدۇ. ئۇ سۇلايمانغا ياتلىق بولۇشقا تەييار ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ سۇلايمان بىلەن توي قىلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرغاندا ئۇنى: «ئۇ پەقەت «پاھىشە ئايال»دەك سۇلايماننىڭ بايلىقلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياتلىق بولغان، خالاس، دېگۈچىلەرمۇ ئاز بولمايدۇ. چۈشتە كۆرۈلگەن «جېسەكچىلەر» شۇنداق گۇماندا بولغان كىشىلەرگە ۋەكىل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن چۈشتە ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇمانلىرىغا پىسەنت قىلماي، يەنىلا سۇلايماننى ئىزدەيدۇ. \fp 3- ۋە 4-ئايەتتە شۇلامىتنىڭ چۈشىدە تارتقان دەردى كۆرۈنىدۇ: خۇددى ئۇ: «يارىمنى تاپاي دەپ شەھەرنى ئايلىناي» دېگىنىدەك، لېكىن نەتىجىسى ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭغا «شەھەرنى ئايلىنىدىغان» كۆزەتچىلەر ئۇچراپ قالىدۇ (ئىبرانىي تىلىدا «تاپتى»). بەلكىم چۈشىدە ئۇلار شۇلامىتتىن: «نېمىشقا بۇ قىز تۈن كېچىدە ئايلىنىدۇ؟ پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ» دەپ گۇمانلانغان بولۇشى مۇمكىن (بۇنداق ئىش ئىككىنچى قېتىم چۈشىدە يەنە كۆرۈنىدۇ ــ 5-باب، 2-7-ئايەتلەردە).\f* \b \m \s1 شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا سۆز قىلىدۇ \m \v 5 «ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، \m جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، \m سىلەرگە تاپىلايمەنكى، \m مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، \m ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار».\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «(5-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت مۇھەببەتنىڭ دەردىنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، «مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى»نىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ بىلىپ يەتتى.\f* \b \m \s1 ئۈچىنچى خاتىرە: ئەر-ئايال بولۇپ بىرلىشىش ئۈستىدىكى ئويلىنىشلار {3:6-5:1} •••• ئالتىنچى ئويلىنىش ــ تويغا سەپەر {3:6-3:11} •••• يېرۇسالېم قىزلىرى سۆز قىلىدۇ \m \v 6 «بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ \m ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، \m مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، \m ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟»\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «(6-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ بۇ ئايەت سۇلايماننىڭ شۇلامىتنى يۇرتى گالىلىيەدىن تويغا ئېلىپ كېلىشىنى، يەنى سۇلايمان ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن تەختىراۋانغا ئولتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا سەپەر قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك (7-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 شۇلامىت قىزلارغا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 7 «مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، \m ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ \m ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، \m ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر. \m \v 8 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، \m جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ \m تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، \m ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ».\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «(7-8-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ سۇلايمان شۇلامىتنى يېرۇسالېمغا، يەنى تويغا بىخەتەر ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، شۇ ئاتمىش لەشكىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىدە تەختىراۋان بىلەن كەلگەن.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۆزلىرىنى داۋام قىلىدۇ ــ سۇلايماننىڭ توي كېچىسىگە تەييارلىغان كارىۋىتى \m \v 9 «سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ \m لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان. \m \v 10 ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، \m يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، \m سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ \m ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، \m يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن. \m \v 11 چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، \m سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، \m توي بولغان كۈنىدە، \m كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، \m ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!»\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «(-11-9ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ تويلىرى ئۇيغۇرلانىڭ تويىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاساسەن 5 باسقۇچى بار: ــ \fp (1) توختام ــ ئادەتتە يىگىتنىڭ ئەلچىسى ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن توختام تۈزىدۇ. سۇلايمان ئۆز-ئۆزىگە ئەلچى بولۇپ شۇلامىتنىڭ ئاكىلىرى بىلەن توختام قىلغان ئوخشايدۇ (-4ئويلىنىشنى كۆرۈڭ). \fp (2) تويغا سەپەر. يىگىت ئۆزى قىزنى تويغا ئاپىرىشقا كېلىدۇ. \fp (3) نىكاھ مۇراسىمى (6- ۋە 12-ئويلىنىشنى كۆرۈڭ) \fp (4) توي زىياپىتى (بەزى ۋاقىتلاردا بىر ھەپتىگە سوزۇلىدۇ) (1- ۋە 2-ئويلىنىشنى كۆرۈڭ) \fp (5) توي كېچىسى (3- ۋە 7-ئويلىنىشنى كۆرۈڭ) \fp بەزى ئالىملار، بۇ «كارىۋات»نى سۇلايماننى كۆتۈرىدىغان «تەختىراۋان» ياكى «شاھانە ھارۋا» دەپ قارايدۇ. بىراق بىزنىڭچە بۇ تەختىراۋان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبرانىي تىلىدىكى 9-ئايەتتىكى «ئاپپىرىيون» دېگەن، سايىۋەنلىك كارىۋاتنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \b \b \m \c 4 \s1 يەتتىنچى ئويلىنىش ــ توي كېچىسى •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىپ ئۇنى ماختايدۇ \m \v 1 «مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم! \m مانا، سەن گۈزەل! \m چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن، \m چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن»\+bd* ــ توي قىلىدىغان كۈنىدە قىز چۈمپەردە ئارتىدۇ.\f* \m \v 2 چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن، \m ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى تۇغماستۇر».\f* \m \v 3 لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك، \m گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛ \m چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. \m \v 4 بوينۇڭ بولسا، \m قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، \m ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەلەمپەيلىك قىلىنغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر». \fp \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ كونا زامانلاردا «ۋەتەندىن ئايرىلغان لەشكەرلەر» مەلۇم شەھەرگە ياكى مەملىكەتكە قايىل بولغاندا، شۇ شەھەرگە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قالقانلىرىنى شەھەرنىڭ سېپىلىدا ياكى مۇنارلىرىدا ئېسىپ قوياتتى («ئەز.» 11:27نى كۆرۈڭ). شۇڭا سۇلايماننىڭ بۇ سۆزلىرى: «سېنىڭ گۈزەللىكىڭ شۇنداقكى، مىڭ لەشكەرنىڭ قايىللىقىغا، سادىقلىقىغا ئېرىشكۈدەكتۇر» دېگەن مەنىدە. يەنە كېلىپ بەلكىم شۇلامىتنىڭ بوينىغا كۆپلىگەن مارجانلار ئېسىقلىق بولۇشى مۇمكىن. \fp «سىپار» كىچىك قالقاندۇر.\f* \m \v 5 ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، \m نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛ \m \v 6 تاڭ ئاتقۇچە، \m كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، \m مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، \m مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن»\+bd* ــ سۇلايمان بەلكىم پۈتۈن كېچى شۇلامىتنىڭ تولۇق بەدىنىدىن ھۇزۇرلانماقچى.\f* \m \v 7 سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، \m سەندە ھېچ داغ يوقتۇر». \b \m \s1 سۇلايماننىڭ تەكلىپى \m \v 8 «لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم، \m مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ \m ئاماناھ چوققىسىدىن قارا، \m سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن، \m يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن، \m يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!»\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «(8-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەر جىنسىي مۇھەببەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بولغىنى بىلەن، بىز يەنە بۇ سۆزلەرنى سۇلايماننىڭ سۆيۈملۈكى بىلەن بىللە ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ كەڭ زېمىنى ۋە ھەيۋىتىگە ھەرمون تېغى (پەلەستىندىكى ئەڭ ئېگىز تاغ)نىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىلىرىدىن نەزەر سېلىشقا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، دەپ قارايمىز. سۇلايماننىڭ بۇ تەكلىپى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ شۇ يەرلەرنى ماكان قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن خەتەرلىك ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە!\f*  \x + \xo 4:8 \xt يـۇھ. 17‏:24؛ ئ‍ەف. 1‏:15-23\x* \b \m \s1 سۇلايماننىڭ سۆزىنىڭ داۋامى \m \v 9 «سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، \m كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، \m بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، \m كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ. \m \v 10 سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، \m ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! \m سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن! \m سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر!\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم!»\+bd* ــ سۇلايمان شۇلامىتنى «سىڭلىم» دەپ چاقىرىدۇ (12-ئايەتتىمۇ): ــ (1) قەدىمكى زاماندىكى بەزى شېئىرلاردا ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىنى «ئاكا، سىڭلىم» دەپ چاقىراتتى؛ (2) ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى جەمىئىيەتلەردە مۆتىۋەر كىشىلەر ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولغان قىزغا جەمىئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىن ئورۇن ئالغۇزۇش ئۈچۈن ياكى نىكاھىنى تېخىمۇ «كاپالەتلىك» قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئاۋۋال «سىڭلىم» دەپ «بېقىۋالاتتى».\f* \m \v 11 لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، \m تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ \m كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر»\+bd* ــ «لىۋاننىڭ پۇرىقى» ئورمانلىقلارنىڭ خۇش پۇرىقى، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 12 سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! \m ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن.\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن»\+bd* ــ سۇلايماننىڭ شۇلامىتنى ماختىشى شۇكى، شۇلامىت ئۆزىنى ھېچقانداق باشقا ئادەمگە بەرمەي، پەقەت بولغۇسى ئەر ئۈچۈن پاك ساقلاپ كەلدى.\f* \m \v 13 شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛ \m ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، \m خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن،\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن،...»\+bd* ــ ئەتىرلەر توغرۇلۇق: «سۇمبۇل» بىرخىل خۇشپۇراقلىق ئۆسۈملۈك.\f* \m \v 14 سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، \m كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، \m ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، \m مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار.\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، .... مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن...»\+bd* ــ ئەتىرلەر توغرۇلۇق: «كالامۇس» بىرخىل قومۇشقا ئوخشايدىغان ئۆسۈملۈكتىن چىقىدۇ. «مۇرمەككە» ۋە «قوۋزاقدارچىن» ئادەتتە مەلۇم دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىدىن ئېلىنىدۇ. «مۇئەتتەر» بىرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن ئېلىنىدۇ.\f* \m \v 15 باغلاردا بىر فونتان سەن، \m ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن».\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن»\+bd* ــ ياكى «لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر قۇدۇقسەن». \fp \+bd «(9-15-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ 11-15-ئايەتلەردە سۇلايمان سۆيۈملۈكىنى چىرايلىق باغچىغا، ھەتتا «ئېرەن باغچىسى» («بېھىش»)نىڭ ئۆزىگە ئوخشىتىدۇ. ئۇ يەنە شۇلامىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن ھۇزۇرلانماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 16 «ئويغان، شىمالدىكى شامال؛ \m كەلگىن، ئى جەنۇبتىكى شامال! \m مېنىڭ بېغىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەي؛ \m شۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلىرى سىرتقا پۇراق چاچىدۇ! \m سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كىرسۇن! \m ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرىنى يېسۇن!»\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «(16-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ دېگىنىدەك ئۆزىنى ئۇنىڭغا تولۇق بەرمەكچى بولۇپ، مۇھەببەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. «شىمال شامىلى» بولسا سالقىن، ئادەمنى يېڭىلاندۇرىدۇ؛ «جەنۇب شامىلى» بولسا ئادەمنى ئىللىتىپ راھەت بېرىدۇ. (پەلەستىن ئۈچۈن «شەرق شامىلى» قورقۇنچلۇق، ھەممە نەرسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ).\f* \b \b \m \c 5 \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 1 «مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، \m مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛ \m مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، \m ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ \m شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم». \b \m «دوستلىرىم، يەڭلار! \m ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!»\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، ... مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم»\+bd* ــ سۇلايمان شۇلامىتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تولۇق مۇھەببەتلىشىدۇ. \+bd «دوستلىرىم، يەڭلار! ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى بەلكىم يېرۇسالېم قىزلىرنىڭكىدۇر. ئۇلار (ياكى توي قولداشلىرى) ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتتىن ھۇزۇرلىنىشلىرىنى تولۇق قوللايدۇ. ئۇلارنىڭ (يېرۇسالېم قىزلىرىنىڭ) قوللىشى بىلەن خۇدانىڭ ھەربىر ئەر-ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببىتىنى، جۈملىدىن جىنسىي مۇھەببىتىنى تەستىقلايدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى بۇ ئىشلارنى ياراتقان.\f* \b \m \s1 ئىككىنچى قىسىم {5:2-8:14} •••• ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتتىكى ياخشىلىنىشلار ــ مۇھەببەتنىڭ يېڭى ئىپادىلىرى •••• تۆتىنچى خاتىرە ــ مۇھەببەتنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى بىر چۈش ــ ئۇ توغرۇلۇق ئويلىنىشلار {5:2-6:9} •••• سەككىزىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنى باسقان قورقۇنچلۇق چۈش {5:2-6:3} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ ــ ئۇنى قارا باسىدۇ \m \v 2 «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى: ــ \b \m ــ سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! \m مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ: ــ \m ــ «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛ \m مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛ \m چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن، \m چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل-ھۆل بولۇپ كەتتى!»\x + \xo 5:2 \xt توپ. 5‏:3\x* \b \m \v 3 «مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن، \m قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟ \m مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم، \m قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟» \m \v 4 سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛ \m مېنىڭ ئىچ-باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛ \m \v 5 سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛ \m قوللىرىمدىن مۇرمەككى، \m بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى، \m تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛ \m \v 6 سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛ \m بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى. \m ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛ \m ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛ \m ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بۇرۇلۇپ كەتكەندە روھىم چىقىپ كەتكەنىدى».\f* \m \v 7 شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛ \m سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى. \m \v 8 ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار، \m ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ \m ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ: «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! ــ دېدى، دەڭلار».\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «(2-8-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت قارا باسقان بۇ چۈشنى كۆرگەندە سۇلايمان بىلەن ئاللىقاچان توي قىلغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ چۈشىدە بولغان ئىنكاسى ۋە تەقەززاسىنى 17:2دە ۋە 1:4-3دە خاتىرىلەنگەن بىرىنچى چۈشىدىكى پوزىتسىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بەلكىم چۈش شۇلامىتنىڭ ھاياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، يەنى ئۇنىڭ سۇلايمان بىلەن ئەمەلىي مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ چۈشتە كۆرۈنگەن بەزى ئىشلار، شۈبھىسىزكى، سۇلايماننىڭ مۇھەببىتىنىڭ، بولۇپمۇ جىنسىي مۇھەببەت جەھەتتە شۇلامىتقا بولغان تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۆيگىنىنىڭ مۇھەببىتىگە ياكى مۇھەببىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئانچە سەزگۈر بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. بۇ سەزگۈرسىزلىك ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى؛ شۇلامىتنىڭ چۈشىدە سۇلايمان كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇلامىت چۈش كۆرۈش بىلەن مۇھەببەتنىڭ قىممەتلىكىنى بىلىپ يېتىپ، ئىشلارنى ياخشىلايدۇ. \fp يەنە مۇھىم بىر ئىش دىققىتىمىزگە ئەرزىيدۇكى، چۈشتە ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا، سۇلايمان (ئەركەك بولغىنى بىلەن، پادىشاھ بولغىنى بىلەن، پەيغەمبەر بولغىنى بىلەنمۇ) ھېچقاچان شۇلامىتنى «مۇھەببەت»كە زورلىمايتتى، بەلكى شۇلامىتنىڭ ئۆزى بىلەن مۇھەببەتلىشىشىنى تەلەپ قىلاتتى. \fp 7-ئايەتتە: چۈشىدىكى جېسەكچىلەر ئۇنى پاھىشە ئايال دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، چۈمپەردىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدۇ.\f* \b \m \s1 يېرۇسالېم قىزلىرى شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ \m \v 9 «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار، \m ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟ \m سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ \m سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟». \b \m \s1 شۇلامىت جاۋاب بېرىدۇ \m \v 10 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت، \m ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سۆيۈملۈكۈمنىڭ يۈزىنىڭ ئاق يېرى ئاپئاق، قىزىل يېرى قىپقىزىل...».\f* \m \v 11 ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر، \m بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك، \m تاغ قاغىسىدەك قارا. \m \v 12 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك، \m سۈت بىلەن يۇيۇلغان، \m يارىشىقىدا قويۇلغان؛\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «يارىشىقىدا قويۇلغان»\+bd* ــ ياكى «ياقۇتلاردەك بېزەشكە بېكىتىلگەن».\f* \m \v 13 ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ \m ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ \m ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، \m ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ»\+bd* ــ ئايەتنىڭ ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش سەل تەس، باشقا تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن تېتىتقۇ ۋە خۇشپۇراقلىق ئۆسۈملۈك باغلىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئىنتايىن ئاز ئىدى، قىممەتلىك ئىدى.\f* \m \v 14 ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار، \m ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان. \m قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان، \m كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن. \m \v 15 ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر، \m ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن. \m ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك، \m كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم-ھەيۋەتلىكتۇر. \m \v 16 ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر؛ \m بەرھەق، ئۇ پۈتۈنلەي گۈزەلدۇر؛ \m بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ــ \m بەرھەق، بۇ مېنىڭ ئامرىقىم، \m ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!»\f □ \fr 5:16 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر»\+bd* ــ بۇ بەلكىم گەپ-سۆزلىرىنىڭ تاتلىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «(9-16-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت ھازىر باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆيگىنىنى ماختاشتىن ھېچ تارتىنمايدۇ. ئۇ ھازىر «قورام تاشتا يوشۇرۇنغان پاختەك»تىن كۆپ دادىل بولۇپ كەتتى! \fp \fp \f* \b \b \m \c 6 \s1 يېرۇسالېم قىزلىرى سۆزلەيدۇ \m \v 1 «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ، \m قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟ \m سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ قەيەرگە بۇرۇلۇپ كەتتى؟ \m بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!»\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ، قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟ .... بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!»\+bd* ــ يېرۇسالېم قىزلىرىنىڭ 9:5-ئايەتتىكى مازاق ۋە گۇمانلىرى پۈتۈنلەي يوقىدى.\f* \b \m \s1 شۇلامىت ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 2 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا چۈشتى، \m تېتىتقۇ ئوتياشلىقلارغا چۈشتى. \m باغلاردا ئوزۇقلىنىشقا، \m نىلۇپەرلەرنى يىغىشقا چۈشتى. \m \v 3 مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، \m ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر؛ \m ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ»\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «(-3-2ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ ئادەتتە بۇ مۇھەببەت شېئىرىدە «باغ» شۇلامىتنىڭ بەدىنىنى ياكى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «باغ» سۇلايمان شۇلامىتقا مۇھەببىتىنى كۆرسەتمەكتە، ئۇنىڭ بەدىنىدىن يەنە ھۇزۇرلانماقتا، دەپ قارايمىز. شۇلامىتنىڭ سۇلايماننىڭ ئۆزىگە باغلىغان مۇھەببىتىگە ئىشەنچى كامىل: 16:2دە ئۇ: «سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن» دەيدۇ؛ ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن سۆيگىنىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىقى ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر. \+bd «ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىدۇ». بىراق نېمىلا بولمىسۇن بۇنىڭ كۆچمە مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك بولىدۇ ــ دېمەك، سۇلايمان شۇلامىتنىڭ بەدىنىدىن ھۇزۇرلانماقتا.\f* \b \m \s1 توققۇزىنچى ئويلىنىش ــ سۇلايماننىڭ شۇلامىتقا قايتىپ كېلىشى ــ شۇلامىتنى قايتا ماختىشى {6:4-6:9} •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ \m \v 4 «سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل؛ \m يېرۇسالېمدەك يېقىملىق، \m تۇغلارنى كۆتۈرگەن بىر قوشۇندەك ھەيۋەتلىكتۇرسەن؛\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل»\+bd* ــ تىرزاھ شەھىرى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. سۇلايماننىڭ دەۋرىدىن كېيىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ شىمالىي پادىشاھلىقىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى بولدى («1پاد.» 15-باب).\f* \m \v 5 ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن! \m چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛ \m چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. \m \v 6 چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛ \m ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛\f □ \fr 6:6 \ft \+bd «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى تۇغماستۇر».\f* \m \v 7 چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. \m \v 8 ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ \m قىزلار ساناقسىز؛\f □ \fr 6:8 \ft \+bd «ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ قىزلار ساناقسىز»\+bd* ــ «خانىش»لار تولۇق ئايال دەرىجىسىدە، «كېنىزەكلەر» ھەرەمدىكى «كىچىك خوتۇن» دەرىجىسىدە، «قىزلار» كەلگۈسىدىكى كېنىزەكلەر ئىدى. بۇلارنىڭ سانلىرىغا قارىغاندا سۇلايمان پادىشاھلىقىنىڭ دەسلىپىدىلا شۇلامىتنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانىدى. كېيىن ئۇنىڭ 700 ئايالى، 300 كېنىزىكى بولغان («1پاد.» 11-بابنى كۆرۈڭ). بىز بۇ ئىش ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 6:8 \xt 1پاد. 11‏:3\x* \m \v 9 بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛ \m ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى، \m ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر. \m قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى، \m خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى».\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «(9-4-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ سۇلايماننىڭ بۇ قېتىمقى شۇلامىتنى ماختىغان بەزى سۆزلىرى توي كېچىسىدىكىگە ئوخشاش بولغىنى بىلەن، يېڭىدىن قوشۇلغان ماختاشلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۇ يەنە شۇلامىتنى قەدىرلەيدۇ، تېخىمۇ ماختايدۇ. سۇلايماننىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان مۇھەببىتى ئۇنىڭ «ئۆلچەمگە يەتكەنلىكى»گە ئاساسلانغان ئەمەس.\f* \b \m \s1 بەشىنچى خاتىرە ــ يېزىدا دەم ئېلىش ــ گالىلىيەگە قايتىش {6:10-8:14} •••• ئونىنچى ئويلىنىش ــ ««ماھانائىم»، يەنى «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇلى» {6:10-7:10} •••• يېرۇسالېم قىزلىرى سۆز قىلىدۇ \m \v 10 «تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك، \m ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن، \m ئىللىق قۇياشتەك يورۇق، \m تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟»\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «(10-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت ھازىر سۇلايماننىڭ مۇھەببىتىنىڭ تەسىرىدە ئىشەنچكە تولغان، كۈچلۈك زات بولۇپ چىقتى. \+bd «تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تاڭ سەھەردەك نۇرلۇق كۆرۈنگەن،...»\f* \b \m \s1 شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا سۆز قىلىدۇ \m \v 11 «مېغىزلار بېغىغا چۈشتۈم، \m جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، \m ئۈزۈم تېلىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى كۆرۈشكە، \m ئانارلارنىڭ چېچەكلىگەن-چېچەكلىمىگەنلىكىنى كۆرۈشكە؛ \m \v 12 بىراق بىلە-بىلمەي، \m جېنىم مېنى كۆتۈرۈپ، \m ئېسىل خەلقىمنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە قويغانىكەن».\f □ \fr 6:12 \ft \+bd «(12-11-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت يەنە كەمتەرلىك بىلەن بۇنداق ماختاشلارغا جاۋاب بېرىدۇ؛ ئۇ بىردىنلا خانىش بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە باغلىغان ھۆرمىتى بۇرۇنقىدەكلا چوڭقۇردۇر («مېنىڭ ئېسىل خەلقىم»، دەيدۇ). ئۇ تۇيۇقسىز سەھرالىق قىز سالاھىيىتىدىن خانىشلىق ئورنىغا چىققاندا ھېچ ئادەتلىنەلمىگەن. ئەكسىچە، ئۇ شۇ ئەتىگەندىلا «جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، مېغىزلار بېغىغا چۈشكەن» ئىدى، چۈنكى بۇلار بەلكىم ئۇنىڭغا ئۆز يۇرتى گالىلىيەنى ئەسلىتىدۇ. \fp 12-ئايەتنى ئىبرانىي تىلىدا چۈشىنىش بەك تەس، باشقا كۆپ تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ مەنىسى بىزنىڭچە قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن باغلىقتۇر.\f* \b \m \s1 يېرۇسالېم قىزلىرى يەنە شۇلامىتنى ماختاپ سۆز قىلىدۇ \m \v 13 «قايتقىن، قايتقىن، ئى شۇلامىت ــ \m قايتقىن، قايتقىن، بىزنىڭ ساڭا قارىغۇمىز باردۇر!» \b \m «سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟» \b \m «“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!»\f □ \fr 6:13 \ft \+bd «سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى شۇلامىت ئېيتىدۇ. \fp \+bd «“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى يېرۇسالېم قىزلىرى ئېيتىدۇ. «ئىككى بارگاھ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماھانائىم» دېگەن يەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇل بەلكىم مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇسسۇل ئىدى. \fp ئىزاھات: ــ قىز مۇشۇ يەردە «شۇلامىت» (شۇلاملىق قىز) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بەلكىم گالىلىيەدىكى «شۇنەم» دېگەن شەھەردىن كەلگەن. «شۇنەم» كېيىن «شۇلەم» دەپ ئاتالغان. «شۇلامىت» ياكى «شۇلاملىق» دېگەننىڭ باشقا بىر مەنىسى «سۇلايمان خانىم»؛ يەنى بىر مەنىسى «كامىل بولغۇچى». مۇشۇ يەردە ئۇ يەنە ماختاشلارغا كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.\f* \b \b \m \c 7 \s1 سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ •••• شۇلامىت سۇلايمان ئۈچۈن «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ \m \v 1 «ئى شاھزادىنىڭ قىزى، \m كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل! \m تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك، \m چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر.\f □ \fr 7:1 \ft \+bd «كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل!»\+bd* ــ ياكى «كەشلىرىڭدە سېنىڭ پۇتلىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل!».\f* \m \v 2 كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛ \m ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛ \m قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر، \m ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ.\f □ \fr 7:2 \ft \+bd «كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «كىندىكىڭ» دېگەن سۆز جىنسىي يولىنى، ياكى تەننىڭ تۆۋەن قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولسا شۇلامىت سۇلايمان ئالدىدا يالىڭاچ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. \+bd «...ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛..»\+bd* ــ «ئەبجەش شاراب» پەلەستىندە ئادەمنى ئەڭ مەست قىلىدىغان شاراب ھېسابلىناتتى.\f* \m \v 3 ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛ \m \v 4 بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ \m كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، \m بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛ \m \v 5 ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ \m بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، \m پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر.\f □ \fr 7:5 \ft \+bd «پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر»\+bd* ــ ئۇلۇغ سۇلايمان پادىشاھ يېزىدىكى بىر قىزغا «ئەسىر بولدى»! مۇھەببەتنىڭ كۈچى زوردۇر!\f* \m \v 6 ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن! \m \v 7 سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، \m كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر»\+bd* ــ «پالما دەرىخى»نىڭ ئۆزى ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. شۇلامىت ئېگىز بويلۇق ۋە زىلۋا، «ھوسۇللۇق» دەپ قارالغان ئوخشايدۇ.\f* \m \v 8 مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، \m شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ \m كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، \m بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...».\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك...»\+bd* ــ پالما دەرىخىنىڭ خورمىلىرىنى ئۈزۈش ياكى گۈللىرىنى چاڭلاشتۈرۈپ مېۋىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يامىشىپ چىقىشى كېرەك. سۇلايمان بۇ ئوخشىتىشتا بەلكىم ئىككىلا مەنىسىنى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىدۇ. ھازىر شۇلامىت بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ. \+bd «...بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...»\+bd* ــ «ئالمىلار» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۆرۈكلەر».\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۆز قىلىپ، سۇلايماننىڭ گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ \m \v 9 \m «...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، \m لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...!\f □ \fr 7:9 \ft \+bd «...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا چۈشىنىش بەك تەس، باشقا كۆپ تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى ئېنىقكى، شۇلامىت سۇلايماننىڭ «مۇھەببەتلىشەيلى» دېگەن تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تولۇق قوبۇل قىلىدۇ.\f* \m \v 10 مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، \m ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ».\f □ \fr 7:10 \ft \+bd «(10-1-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ 9-10-ئايەتتە شۇلامىت سۇلايماننىڭ «مۇھەببەتلىشەيلى» دېگەن تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تولۇق قوبۇل قىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئون بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنىڭ ئۆز يۇرتىنى يوقلاشقا بولغان ئارزۇسى •••• {7:11-8:4} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ \m \v 11 «ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، \m ئېتىزلارغا چىقايلى؛ \m يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى،\f □ \fr 7:11 \ft \+bd «ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، *ئېتىزلارغا چىقايلى؛ *يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى،...»\+bd* ــ شۇلامىتنىڭ ئۆز يۇرتىنى يەنە كۆرگۈسى، شۇ يەردە سۇلايمان بىلەن دالادا مۇھەببەتلەشكۈسى بار ئىدى. 12-13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 12 ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، \m ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، \m چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، \m ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ \m ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن. \m \v 13 مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ \m ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، \m يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ \m سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»\f □ \fr 7:13 \ft \+bd «مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ»\+bd* ــ «مۇھببەتگۈل» دېگەن گۈل جىنسىي مۇھەببەتنى قوزغايدىغان بىرخىل گۈل. \fp \+bd «ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، ...سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە) خەلقلەر «ئىشىك ئۈستى»دىكى بىر جازا ئۈستىدە ھەرخىل مېۋە-چېۋىلەرنى ساقلايدۇ.\f* \b \b \m \c 8 \s1 داۋامى ــ شۇلامىت سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ \m \v 1 «ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! \m سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، \m ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى.\f □ \fr 8:1 \ft \+bd «ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، *ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى»\+bd* ــ پەلەستىندە ئاچا-ئۇكىنىڭ ئۆزئارا ئامراقلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىشى، سۆيۈشى نورمال ئەھۋال. ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ شۇنداق قىلىشى ئەيىبلىك دەپ قارالغاچقا، شۇلامىت «سۇلايماننى ئىنىمدەك بولسىدى!» دەپ تىلەيدۇ.\f* \m \v 2 مەن سېنى يېتەكلەيتتىم، \m ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛ \m سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛ \m مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ \m ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd «سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ»\+bd* ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ دانالىقىدىن ئورتاقلاشماقچى. يېرۇسالېمدىكى ئوردىدا تۇرغاندا سۇلايمان ئالدىراش بولغاچقا مۇشۇنداق پۇرسەت ئاز بولاتتى. ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە بولسا دەخلىلەر ئاز بولىدۇ. ئەرنىڭ ئايالىغا بىلىم، دانالىقنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىش مەسئۇلىيىتى بار. \fp «سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇ يەردە ئاپام ماڭا ئۆگەتكەن». \fp \+bd «مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم»\+bd* ــ بەلكىم شۇلامىتنىڭ ئاپىسى ئىنىسىنى ئېمىتكەندەك (1-ئايەت)، سۇلايمانغا ئەمچەك سالغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، \m ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!». \b \m \v 4 «سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ \m «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، \m سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «... سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»\+bd* ــ ياكى «...ئۇنى بالدۇر ئويغاتقىنىڭلار، قوزغىغىنىڭلارنىڭ نېمىسى؟!».\f* \b \m \s1 ئون ئىككىنچى ئويلىنىش ــ يېزىلارغا، يەنى گالىلىيەگە بولغان سەپەر {8:5-8:7} •••• شۇلامىتنىڭ يۇرتىدىكى قىزلار ئاۋۋال سۆزلەيدۇ ــ ئۇنى تونۇماي قالىدۇ \m \v 5 «دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ \m ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» \b \m «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ \m ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ \m ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى».\f □ \fr 8:5 \ft \+bd دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟»\+bd* ــ شۇلامىت ئەسلىي تويغا بارغان يول بىلەن قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمدىن يېرىخا شەھىرىدىكى يول بىلەن چىقىپ ئىئوردان دەرياسى جىلغىسىنى بويلاپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ شۇنەمگە قايتىدۇ. چۆل-باياۋاننىڭ ئىسسىقى بىلەن ئۇ سۇلايمانغا يۆلىنىپ ماڭىدۇ. ئۇ شۇنچە ئۆزگەرگەنكى، يۇرتتىكىلەر ئۇنى تونۇماي قالىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەر شۇلامىتنىڭ يۇرتىدىكى قىزلارنىڭ دېگىنى بولسا كېرەك. \+bd «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى سۇلايمان شۇلامىتقا ئېيتىدۇ. سۇلايمان بەلكىم بىرىنچى قېتىم (پادىچىنىڭ قىياپىتىدە) دەل مۇشۇ ئالما دەرىخى ئاستىدا شۇلامىتنى ئۇخلاۋاتقان پېتىدە ئۇچراتقانلىقىنى ئەسلەيدۇ. شۇ ئالما دەرىخى دەل شۇلامىتنىڭ ئاپىسى ئۇنى تۇغقان جاي ئىدى. \fp «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم» ــ مۇشۇ «ئويغىتىش» ھەم ئۇيقۇدىن ئويغىتىشنىمۇ، مۇھەببەتكە ئويغىتىشنىمۇ كۆرسەتسە كېرەك. سۇلايمان بىلەن شۇلامىت شۇلامىتنىڭ ھاياتى باشلانغان دەل شۇ جايدا («ئالما دەرىخى ئاستىدا) ئۆزئارا تۆۋەندىكى ئەھدە (6-ئايەت) بىلەن باغلىشىدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 6 «مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، \m بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ \m چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ \m مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ \m ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، \m ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر!\f □ \fr 8:6 \ft \+bd «مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن..»\+bd* ــ شەرھى: پادىشاھ ئۆز مۆھۈرىدىن ھېچقاچان ئايرىلمايدۇ. مۆھۈرى بولسا ئادەتتە ئالتۇن-گۆھەردىن ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسە ئىدى. ھەربىر نەرسە ئۈستىگە مۆھۈر باسقاننىڭ مەنىسى «بۇ مېنىڭكى» دېگەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇلامىت ئۆزىنىڭ سۇلايماندىن ھەرگىز ئايرىلماسلىقىنى خالايدۇ، ئۆزىنى ئالەمگە: «مەن سۇلايماننىكىدۇرمەن» دەپ ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. \+bd «مۇھەببەت... ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر!»\+bd* ــ «ياھ» ــ «ياھۋەھ»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنىڭ قىسقا شەكلى.\f* \m \v 7 كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ \m كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ \m بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، \m ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ».\x + \xo 8:7 \xt 1كور. 13‏:8\x* \b \m \s1 ئون ئۈچىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنىڭ يۇرتىغا، ئۆيىگە قايىتىپ كېلىشى. شۇلامىت كىچىك سىڭلىسى توغرۇلۇق ئىككى ئاكىسىغا سۆز قىلىدۇ {8:8-8:14}. •••• شۇلامىت ئىككى ئاكىسىغا سۆز قىلىدۇ \m \v 8 «بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، \m بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ \m سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟»\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «(8-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ شۇلامىت كىچىك سىڭلىسى ئۈچۈن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ ياتلىق بولغۇچە قانداق قىلىپ ئۇنى پاك ساقلاش كېرەك؟ مۇشۇ سوئال توغرۇلۇق ئويلىغاندا بەلكىم ئۆزىنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيدۇ.\f* \b \m \s1 ئىككى ئاكىسى جاۋاب بېرىدۇ \m \v 9 «ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، \m بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ \m ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، \m بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز».\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «(9-ئايەت) شەرھى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە شۇلامىتنىڭ ئىككى ئاكىسى ئۇنىڭ سوئالىغا (8-ئايەت) جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئۆزىنى ئاسرايدىغان، نومۇس قىلىدىغان قىز بولسا («سېپىل بولسا»)، ئۇنداقتا ئاكىلىرى ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ. بىراق ئەگەر ئۇ نومۇسنى ساقلىمايدىغان، خەتەرلىك يولغا چىقماقچى بولسا («ئىشىك بولسا»)، ئاكىلىرى ئۇنى پەۋقۇلئاددە قوغدايدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۆز قىلىدۇ \m \v 10 «ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، \m ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ \m شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم».\f □ \fr 8:10 \ft \+bd «\+bd*\+bdit 10-ئايەت\+bdit* شەرھى» ــ شۇلامىت دەرۋەقە «سېپىل» ئىدى ــ باشقىلارنىڭ ئېزىتقۇلۇقلىرىغا تولۇق چىدىغۇچىلىقى بار ئىدى، ئۇ پۈتۈنلەي نومۇسى بىلەن ئۆتكەنىدى. ئۆزىنى پاك ساقلىغاچقا ئۇ سۇلايماننىڭ ئەھدىسىنى قوبۇل قىلىشقا تولىمۇ تەييار ئىدى. ئۇ ھازىر بەلكىم ئىككى ئاكىسى ئەسلى ئۆزىگە يۈرگۈزگەن قاتتىق مۇئامىلىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ سايىسىز ئۈزۈمزاردا ئىشلىگەندە «ئېزىقتۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىمالى» ئاز ئىدى؛ سايىسى بولغان مېۋىلىك دەرەخلىرى ئارىسىدا ئىشلىگەن بولسا، يامان نىيەتلىك ئادەم تەرىپىدىن ئېزىقتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بار بولاتتى.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۆزىنى داۋام قىلىدۇ \m \v 11 «سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، \m ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛ \m \v 12 ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، \m شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن».\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «\+bd*\+bdit 12-11-ئايەت\+bdit* شەرھى» ــ -11-12ئايەت: بۇ ئايەتلەردە شۇلامىت ئۆزىنىڭ سۇلايمانغا تولۇق مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى سۇلايمانغا بېغىشلىغان بىر ئۈزۈمزارغا ئوخشىتىدۇ. سۇلايماننىڭ بارلىق ئۈزۈمزارلىرىنى باققۇچىلار ئۆزىگە تېگىشلىك ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭغا ئوخشاش شۇلامىت ھازىر سۇلايماندىن ئىككى ئاكىسى ئۈچۈن تېگىشلىك ئىنئام بېرىشىنى سورايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنى نومۇسچان قىلىپ توي قىلغۇچە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى. 12-ئايەت: «ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەر شۇلامىتنىڭ ئۆز شەخسىنى سۇلايمانغا بېعىشلىغىنى پۈتۈنلەي ئىختىيارەن، پۈتۈنلەي ئەركىنلىك بىلەن بولدى، دەپ ئىپادىلەيدۇ ھەم تەكىتلەيدۇ. ئەركىنلىك مانا مۇھەببەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر.\f* \b \m \s1 سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ \m \v 13 «ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، \m ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ \m ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن».\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «\+bd*\+bdit 13-ئايەت\+bdit* شەرھى» ــ شۇلامىتنىڭ كونا دوستلىرى (ھەمراھلار) بەلكىم ئۇنىڭدىن ناخشا ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۇلايماننىڭمۇ ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ. شۇلامىت ناخشا ئېيتىپ سىرتقا چىقىپ، سۇلايماننى تۆۋەندىكىدەك چاقىرىدۇ.\f* \b \m \s1 شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ \m \v 14 «ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، \m جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، \m تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!»\f □ \fr 8:14 \ft \+bd «تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!»\+bd* ــ ياكى «تېتىتقۇ ئۆسۈملۈك تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!».\f*