\id RUT \h رۇت \toc1 رۇت \toc2 رۇت \toc3 رۇت \mt1 رۇت \c 1 \s1 ئەلىمەلەك ئائىلىسىنىڭ موئابقا بېرىشى \m \v 1 \add باتۇر\add* ھاكىملار ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە شۇنداق بولدىكى، زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيت-لەھەمدىن چىقىپ، موئابنىڭ سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىشكە باردى.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «مەزگىلدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەردە». \+bd «موئابنىڭ سەھرالىرىدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «موئابنىڭ ئېتىزلىقلىرىدا». موئابتىكىلەر يەھۇدىيلارغا ئۆچ ئىدى. بۇ ئەلىمەلەك ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ موئابنىڭ شەھەرلىرىگە ئەمەس، بەلكى سەھراسىغا بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك. \fp \f* \v 2 ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەلىمەلەك، ئايالىنىڭ ئىسمى نائومى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمى ماھلون بىلەن كىليون ئىدى. ئۇلار بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق، ئەفرات جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلار موئابنىڭ سەھراسىغا كېلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. \v 3 كېيىن نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەك ئۆلدى؛ ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. \v 4 ئۇلار موئاب قىزلىرىدىن ئۆزلىرىگە خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئېتى ئورپاھ، يەنە بىرىنىڭ ئېتى رۇت ئىدى. ئۇلار شۇ يەردە ئون يىلدەك تۇردى. \m \v 5 ماھلون بىلەن كىليون ھەر ئىككىسى ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئېرى ھەم ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالدى. \b \m \s1 نائومى بىلەن رۇتنىڭ بەيت-لەھەمگە قايتىپ كېلىشى \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئايال ئىككى كېلىنى بىلەن قوپۇپ موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەتمەكچى بولدى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئاشلىق بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى موئابنىڭ سەھراسىدا تۇرۇپ ئاڭلىغانىدى. \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە تۇرغان يېرىدىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا يولغا چىقتى. \v 8 نائومى ئىككى كېلىنىگە: ــ ھەر ئىككىڭلار قايتىپ ئۆز ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار. سىلەرنىڭ مەرھۇملارغا ۋە ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭلاردەك پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەي! \v 9 پەرۋەردىگار سىلەر ئىككىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي! ــ دەپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلار ھۆركىرەپ يىغلىشىپ \v 10 ئۇنىڭغا: ــ ياق، بىز چوقۇم سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز خەلقىڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز، ــ دېيىشتى. \m \v 11 لېكىن نائومى: ــ يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارماقچىسىلەر؟قورسىقىمدا سىلەرگە ئەر بولغۇدەك ئوغۇللار بارمۇ؟ \v 12 يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! چۈنكى مەن قېرىپ كەتكەچكە، ئەرگە تېگىشكە يارىمايمەن. دەرھەقىقەتەن بۈگۈن كېچە بىر ئەرلىك بولۇشقا، شۇنداقلا ئوغۇللۇق بولۇشقا ئۈمىد بار دېگەندىمۇ، \v 13 ئۇلار يىگىت بولغۇچە سەۋر قىلىپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنى دەپ باشقا ئەرگە تەگمەي ساقلاپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ياق، بولمايدۇ، قىزلىرىم! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ماڭا قارشى بولۇپ مېنى ئازابلايدىغىنى ئۈچۈن، مەن تارتىدىغان دەرد-ئەلەم سىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «مەن تارتىدىغان دەرد-ئەلەم سىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ»\+bd* ــ گەرچە رۇت بىلەن ئورپاھ ھەر ئىككىسى ئېرىدىن ئايرىلىش ئازابىنى تارتقان تۇل خوتۇنلار بولسىمۇ، نائومىنىڭ ئازابى تېخىمۇ ئېغىر ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېرىدىن ھەم ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئىككى كېلىنىنىڭ ئۆزىدەك ياقا يۇرتتا تۇل بولۇپ تۇرۇش دەردىنى تارىتىشىنى خالىمايتتى. \fp بۇ سۆزنىڭ يەنە ئىككى تەرجىمىسى بار: «مەن سىلەر ئۈچۈن (تۇل قالغانلىقىڭلاردىن) ئىنتايىن ئازابلىنىمەن» ياكى «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم سىلەرگە بەك ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ، سىلەر كۆتۈرەلمەيسىلەر».\f* \m \v 14 ئۇلار يەنە ھۆركىرەپ يىغلاشتى. ئورپاھ قېينئانىسىنى سۆيۈپ خوشلاشتى، لېكىن رۇت ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. \v 15 نائومى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا يېنىپ كەتتى! سەنمۇ كېلىن سىڭلىڭنىڭ كەينىدىن يېنىپ كەتكىن! ــ دېدى. \m \v 16 لېكىن رۇت جاۋابەن: ــ مېنىڭ سېنىڭ يېنىڭدىن كېتىشىمنى ۋە ساڭا ئەگىشىش نىيىتىمدىن يېنىشنى ئۆتۈنمە؛ چۈنكى سەن نەگە بارساڭ مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن؛ سەن نەدە قونساڭ مەنمۇ شۇ يەردە قونىمەن؛ سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭمۇ خەلقىمدۇر ۋە سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭمۇ خۇدايىمدۇر. \v 17 سەن نەدە ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەردە ياتىمەن؛ ئۆلۈمدىن باشقىسى مېنى سەندىن ئايرىۋەتسە پەرۋەردىگار مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ جازالىسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «پەرۋەردىگار مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ جازالىسۇن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... پەرۋەردىگار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!»\f* \m \v 18 نائومى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ بېرىشقا قەتئىي نىيەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە ئېغىز ئاچمىدى. \m \v 19 ئىككىسى مېڭىپ بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلدى. شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلگىنىدە پۈتكۈل شەھەردىكىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ زىلزىلىگە كەلدى. ئاياللار بولسا: ــ بۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \m \v 20 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى نائومى دېمەي، بەلكى «مارا» دەڭلار؛ چۈنكى ھەممىدىن قادىر ماڭا زەرداب يۇتقۇزدى.\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «نائومى»\+bd* ــ مەنىسى: «يېقىملىق»، «كۆڭۈللۈك»، «ھۇرۇزلۇق»؛ «مارا» بولسا «ئاچچىق»، «ئەلەملىك», «زەردابلىق» دېگەن مەنىدە.\f* \v 21 توققۇزۇم تەل ھالەتتە بۇ يەردىن چىقتىم؛ لېكىن پەرۋەردىگار مېنى قۇرۇق قايتقۇزدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى، ھەممىدىن قادىر مېنى خارلىغانىكەن، نېمىشقا مېنى نائومى دەيسىلەر؟ ــ دېدى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار ماڭا قارشى چىقتى» ياكى «مېنى ئازابلىدى». بۇ سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 22 شۇنداق قىلىپ نائومى بىلەن كېلىنى موئاب قىزى رۇت موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلدى؛ ئۇلار ئىككىسى بەيت-لەھەمگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئارپا ئورمىسى باشلانغانىدى. \b \b \m \c 2 \s1 رۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى \m \v 1 نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنتايىن باي ئادەم ئىدى.\x + \xo 2:1 \xt مات. 1‏:5\x* \v 2 موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى. \m ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «باشاق تېرىش»\+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە نامرات كىشىلەر ۋە ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئورمىچىلارنىڭ ئارقىسىدىن چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىشىگە رۇخسەت بېرىلىشى كېرەك («لاۋ.» 9:19-10نى كۆرۈڭ). \fp گەرچە نائومىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزى بار بولسىمۇ (3:4)، ئۇنىڭغا شۇ پەسىلدە بىرنەرسە تېرىلمىغانىدى. رۇت مۇشۇ ئىلتىماسى بىلەن نائومىنى «باشاق تېرىش» خىجالەتچىلىكىدىن قۇتقۇزىدۇ.\f* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ ئېتىزلىقلارغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باشاق تەردى. بەختىگە يارىشا، دەل ئۇ كەلگەن ئېتىزلىق ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتى بولغان بوئازنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىدى. \b \m \v 4 مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز بەيت-لەھەمدىن چىقىپ كېلىپ، ئورمىچىلار بىلەن سالاملىشىپ: ــ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! ــ دېدى. \m ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگار ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ــ دېدى. \m \v 5 بوئاز ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە نازارەتكە قويۇلغان خىزمەتكارىدىن: ــ بۇ ياش چوكان كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \f □ \fr 2:5 \ft \+bd «خىزمەتكارىدىن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يىگىتىدىن». \+bd «باشاق تېرىش»\+bd* ــ شۇ چاغدا رۇت تېخى تۇل بولغاچقا، شۇنىڭغا يارىشا ئالاھىدە كىيىملىرىنى كىيۋاتقان ئىدى. 3:3نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 6 ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ نائومى بىلەن بىللە موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلگەن موئابىي چوكان بولىدۇ. \v 7 ئۇ: «ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋالايمۇ؟» دەپ تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېلىپ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ؛ ئۇ پەقەت كەپىدە بىرئاز دەم ئالدى، ــ دېدى. \f □ \fr 2:7 \ft \+bd «كەپىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆيدە». ئورما مەزگىلدە ئورمىچىلار بەلكىم ئېتىزلىقتا دەم ئېلىشقا ۋاقىتلىق كەپە سالغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 8 بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن»\+bd* ــ دېدەكلەرنىڭ ئىشى بەلكىم ئارپا پايلىرىنى يىغىپ ئۆنچە قىلىش ئىدى. رۇت «ئۇلارنىڭ قېشىدا» ئىشلىسە كۆپرەك باشاقلارنى تېرەلەيتتى، ئەلۋەتتە.\f* \v 9 دىققەت قىلغىن، قايسى ئېتىزدا ئورما ئورغان بولسا، \add دېدەكلەرگە\add* ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە: ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلاپ قويدۇم! ئەگەر ئۇسساپ قالساڭ بېرىپ، ئىدىشلاردىن يىگىتلىرىم \add قۇدۇقتىن\add* تارتقان سۇدىن ئىچكىن، ــ دېدى. \b \m \v 10 رۇت ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بىر بىگانە تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك نەزىرىڭدە شۇنچىلىك ئىلتىپات تاپقانمەن؟ ــ دېدى. \m \v 11 وئاز ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېينئاناڭغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا سېنىڭئاتا-ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭدىن قانداق ئايرىلىپ، سەن بۇرۇن تونۇمايدىغان بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا كەلگىنىڭ ماڭا پۈتۈنلەي ئايان بولدى؛ \v 12 پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا مۇۋاپىق ساڭا ياندۇرغاي، سەن قاناتلىرىنىڭ تېگىدە پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ساڭا ئۇنىڭ تولۇق ئىنئامى بېرىلگەي، دېدى. \v 13 رۇت جاۋابەن: ــ ئەي خوجام، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن؛ مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولۇشقىمۇ يارىمىساممۇ، سەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، دېدىكىڭگە مېھرىبانە سۆزلەرنى قىلدىڭ، ــ دېدى.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «دېدىكىڭ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دېدەك»نى تەسۋىرلەيدىغان ئىككى سۆز بار. رۇت بۇ ئايەتتە بۇلاردىن ئەڭ تۆۋەن ئورۇننى كۆرسىتىدىغان سۆزنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى تەسۋىرلەيدۇ.\f* \m \v 14 تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: ــ قېنى، بۇياققا كەلگىن، ناندىن يە، ناننى سىركىگە تۆگۈرگىن! ــ دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى؛ بوئاز قوماچتىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئازراق ئاشۇرۇپ قويدى. \m \v 15 ئۇ باشاق تەرگىلى قوپقاندا، بوئاز يىگىتلىرىگە بۇيرۇپ: ــ ئۇنى ھەتتا ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرگىلى قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ خىجالەتتەقالدۇرماڭلار. \v 16 ھەتتا ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق باشاقلارنى ئۆنچىلەردىن ئەتەي ئايرىپ، ئۇنىڭغا تەرگىلى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ ئەيىبلىمەڭلار، دېدى. \m \v 17 شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچكىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى، تېرىۋالغانلىرىنى سوققاندا، تەخمىنەن بىر ئەفاھ ئارپا چىقتى.\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «بىر ئەفاھ ئارپا»\+bd* ــ تەخمىنەن 15 كىلوگرامچە ئىدى.\f* \v 18 ئاندىن ئۇ ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى، قېينئانىسى ئۇنىڭ تەرگەن \add ئارپىسىنى\add* كۆردى؛ ئۇ يەنە ئۇ يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ساقلاپ قويغىنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى. \m \v 19 قېينئانىسى ئۇنىڭغا: ــ سەن بۈگۈن نەدە باشاق تەردىڭ، نەدە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي! ــ دېدى. \m ئۇ قېينئانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىشلىگەن ئېتىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بوئاز ئىكەن، دېدى. \m \v 20 نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 2:20 \ft \+bd «بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرى»\+bd* ــ (««ھەمجەمەت-نىجاتكار»ىمىزدىن بىرى» ياكى ««ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»ىمىزدىن بىرى») ــ بۇ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى نامراتلىقتىن ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا ئاساسەن، شۇ كىشىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرىنىڭ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، ئۇ سېتىۋالغۇچىغا ئادىل بىر باھادا پۇل بەرسىلا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. ھوقۇقنى ئىشلىتىش ھەمجەمەتىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. ئۇ ھوقۇقىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توساالمايتتى. نائومى مۇشۇ يەردە: «بىزدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتى بولغان يېقىن تۇغقانلىرىمىزدىن بىرى بار» دېمەكچى بولىدۇ.\f* \m \v 21 موئاب قىزى رۇت يەنە: ــ ئۇ ماڭا يەنە: «مېنىڭ يىگىتلىرىم پۈتۈن ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن» دېدى، ــ دېدى. \m \v 22 نائومى كېلىنى رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر، دېدى.\f □ \fr 2:22 \ft \+bd «بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بىرسىنىڭ ساڭا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن». \+bd «باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر»\+bd* ــ نائومىنىڭ بۇ ئاگاھ سۆزلىرى بىزگە «باتۇر ھاكىملار» دەۋرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى ئايان قىلسا كېرەك.\f* \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە، رۇت بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. ئۇ قېينئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى. \b \b \m \c 3 \s1 رۇتنىڭ خامانغا بېرىپ، بوئاز بىلەن كۆرۈشۈشى \m \v 1 شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا: ــ ئەي قىزىم، ھال-ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟»\+bd* ــ نائومىنىڭ مۇشۇ «ئارام-بەخت» دېگىنى رۇتنى قايتىدىن ئۆي-ئوچاقلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 2 سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ. \v 3 ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، \add ئېسىل\add* كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ-ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈڭنى مەسىھ قىلىپ» ياكى «ئۆزۈڭنى مەسىھلەپ».\f* \v 4 ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 5 رۇت ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. \v 6 ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى. \v 7 بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى. \v 8 يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى!\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «چۆچۈپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «تىترەپ كېتىپ، ...». ھېچبولمىغاندا، بوئاز پۇتلىرىغا سوغۇق ئۇرۇلغاندا ئويغىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك. \+bd «ئېڭىشكەندە»\+bd* ــ ياكى «ئۆرۈلگەندە».\f* \m \v 9 كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. \m رۇت جاۋابەن: ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت-نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «خىزمەتكارىڭ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىبرانىي تىلىدا «دېدەك»نى تەسۋىرلەيدىغان ئىككى سۆز بار. بۇ ئايەتتە رۇت ئورنىنى يۇقىرىراق كۆرسىتىدىغان سۆزنى ئۆزىگە ئىشلەتتى (13:2نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). \+bd «ھەمجەمەت-نىجاتكار»\+bd* ــ مۇشۇ ئۇقۇم توغرۇلۇق 20:2نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «ھەمجەمەت-نىجاتكار»\+bd* ــ رۇت ئېيتقان «تونىڭنىڭ ئېتىكىنى خىزمەتكارىڭنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغايسەن» دېگەن ئىبارە: ــ «مېنى سايەڭنىڭ ئاستىغا ئالغىن، مېنى ئەمرىڭگە ئالغىن» دېگەننى ۋە ئۆزىنىڭ بوئازنىڭ ئايالى بولۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. خۇدامۇ ئىسرائىلنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئالغانلىقى توغرۇلۇق شۇ سۆزنى قىلغان ــ «ئەز.» 8:16نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 10 ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى \add سېنى ئىزدىگەن\add* يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ.\f □ \fr 3:10 \ft \+bd «سېنى ئىزدىگەن يىگىتلەر»\+bd* ــ بوئازنىڭ سۆزىگە قارىغاندا (شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەم تىرىشچان ھەم چىرايلىق بولغاچقا) رۇتنى بىرقانچە يىگىت ئىزدەپ كەلگەن. لېكىن رۇت ئۆز مەيلىگە ئەگىشىپ ئۇلارنى تاللىماي، بەلكى ئورنىغا قېينئانىسى نائومىغا ياخشى بولسۇن دەپ رەھمەتلىك ئېرىگە «ھەمجەمەت-نىجاتكار» بولغان بوئازنىڭ پاناھلىقىنى ئىزدىگەن. شۇنىڭ بىلەن بوئاز رۇتنىڭ قىلغىنى توغرۇلۇق: «سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر» دەيدۇ. رۇتنىڭ «ئىلگىرى كۆرسەتكەن (ساداقەت-مېھرىبانلىقى)» بولسا قېينئانىسىغا بولغان ساداقەتلىكىنى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بوئازنىڭ «سەن كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىق» دېگىنى بولسا ئۆزىنى ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 11 ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىمنىڭ شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىكى كىشىلەر» ــ قەدىمكى زاماندا «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەر ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى؛ شۇ يەردە سوت ئېچىلاتتى. شۇڭا بوئازنىڭ سۆزىنىڭ تولۇق مەنىسى «مېنىڭ شەھىرىمدىكى بارلىق مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ قارايدۇ».\f* \m \v 12 دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار. \v 13 ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى \m \v 14 ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر-بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز: ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى.\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «ئېيتقانىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېيتقانىدى» ياكى «ئويلىغانىدى» دېگەن مەنە بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە «ئېيتقانىدى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f* \m \v 15 ئۇ يەنە \add رۇتقا\add*: ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «ئالتە كەمچەن»\+bd* ــ بەلكىم «ئالتە ئەفاھ»، يەنى 27-45 كىلوگرامنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 16 رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى.\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «سەن ھازىر كىم؟»\+bd* ــ نائومى: «سەن ھازىر كىم؟» دېگەن سوئال بىلەن رۇتنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنى سورايدۇ: ئۇ: «ھازىر سەن بوئازنىڭ ئايالى بولدۇڭمۇ-يوق؟» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 17 ئۇ: ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ: «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى. \m \v 18 نائومى: ــ ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچە مۇشۇ يەردە تەخىر قىلغىن؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ، دېدى. \b \b \m \c 4 \m \v 1 بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇردى. مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز ئېيتقان ھېلىقى ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كېلىۋاتاتتى. بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئەي بۇرادەر، كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرغىن، دېۋىدى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «ئەي بۇرادەر!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەي، پالانچى-پوكۇنچى!» دېيىلىدۇ. بۇ ئادەم بەلكىم رۇت ۋە نائومىغا قارىتا ھەمجەمەتلىك بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغاچقا، ئۇ بۇ باياندا نامسىز قالغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 2 ئاندىن بوئاز شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون ئادەمنى چاقىرىپ، ئۇلارغىمۇ: ــ بۇ يەردە ئولتۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار ئولتۇرغاندا \v 3 ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە: ــ موئابنىڭ سەھراسىدىن يېنىپ كەلگەن نائومى قېرىندىشىمىز ئەلىمەلەككە تەۋە شۇ زېمىننى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. \v 4 سس شۇڭا مەن مۇشۇ ئىشنى ساڭا خەۋەرلەندۈرمەكچى ئىدىم، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا «بۇنى سېتىۋالغىن» دېمەكچىمەن. سەن ئەگەر ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئاساسەن ئالاي دېسەڭ، ئالغىن؛ ھەمجەمەتلىك قىلماي، ئالمايمەن دېسەڭ، ماڭا ئېيتقىن، مەن بۇنى بىلەي؛ چۈنكى سەندىن \add ئاۋۋال\add* باشقىسىنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئاندىن سەندىن كېيىن مېنىڭ ھوقۇقۇم بار، دېدى. \m ئۇ كىشى: ــ ھەمجەمەتلىك قىلىپ ئۇنى ئالىمەن، دېدى. \m \v 5 بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا يەرنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغان كۈنىدە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر ئەۋلادى قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك، ــ دېدى.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك»\+bd* ــ «لاۋ.» 25:25-34 ۋە 47-55گە، ۋە «قان.» 5:25-10غا قاراڭ. «رۇت» 4-باب، 6-12-ئايەتتىكى ئىشلارغا قارىغاندا، بەيت-لەھەمدە «پەرزەنتسىز قالغان قېرىندىشىنىڭ تۇل خوتۇنىنى ئېلىش» توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بەجا كەلتۈرۈلۈۋاتقاندا، قوشۇمچە ماددىلار قوشۇلغان بولسا كېرەك (ئەسلىدىكى قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە، بىرسى پەرزەنتسىز ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭ مىراسىغا مىراسخور قالدۇرۇش ئۈچۈن تۇل خوتۇنىنى ئېلىش كېرەك ئىدى؛ بەيت-لەھەمدىكىلەر مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاكا-ئۇكىسىدىن باشقا بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قوشقان ئوخشايدۇ). «يار.» 8:38-10نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 6 ھەمجەمەت كىشى: ــ ئۇنداق بولسا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ \add ئېتىزنى\add* ئالسام بولمىغۇدەك؛ ئالسام ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىپ، يەرنى سېتىۋالغىن؛ مەن ئىشلىتەلمەيمەن دېدى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مەن \+bd*\+bdit شۇ ھوقۇقنى\+bdit* ئىشلىتەلمەيمەن» ــ ئۇ كىشى بەلكىم: «ئەگەر رۇتتىن پەرزەنت كۆرسەم، ئۇلار مېنىڭ بالىلىرىم ھېسابلانمايدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار باشقا ئايالىمدىن بولغان پەرزەنتلىرىم بىلەن تەڭ مېنىڭ مىراسىمغا ۋارىس بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىم ئېرىشىدىغان مىراسىنىڭ ئۈلۈشى ئەسلىدىكىدىن ئازلاپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىسا كېرەك؛ شۇڭا ئۇ «ئالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلگەن.\f* \m \v 7 قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ياكى ئالماشتۇرۇش-تېگىشىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رەسىم-قائىدە بار ئىدى: ــ ئىشنى كەسمەك ئۈچۈن بىر تەرەپ ئۆز كەشىنى سېلىپ، ئىككىنچى تەرەپكە بېرەتتى. ئىسرائىلدا سودا-سېتىقنى بېكىتىشتە مانا مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل بار ئىدى.\x + \xo 4:7 \xt قان. 25‏:7\x* \v 8 شۇڭا ھەمجەمەت ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بوئازغا: ــ سەن ئۇنى ئالغىن، دەپ، ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى»\+bd* ــ بۇ كەشنى بوئاز ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ مەزكۇر سودا-سېتىققا ئىسپات بولىدۇ. كەش بەلكىم بىر پارچە يەرنىڭ تەۋەلىكىگە سىمۋول بولۇشى مۇمكىن ئىدى («قان.» 24:11 ۋە 7:25-10نى كۆرۈڭ).\f* \v 9 بوئاز ئاقساقاللارغا ۋە كۆپچىلىككە: ــ سىلەر بۈگۈن مېنىڭ ئەلىمەلەككە تەۋە بولغان ھەممىنى، شۇنداقلا كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان ھەممىنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغىنىمغا گۇۋاھتۇرسىلەر. \v 10 ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھۇمنىڭ نامى قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بولغان \add بىرەر ئەۋلادى\add* قالدۇرۇلسۇن ئۈچۈن ماھلوننىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. سىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا گۇۋاھتۇرسىلەر، دېدى.\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» قەدىمكى زامانلاردا ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەر ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى.\f*  \fig بوئاز رۇتنى ئۆز ئەمرىگە ئىلىشى ئارقىلىق يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ|src="boaz-shoe.jpg" size="span" ref="«رۇت» 9:4" \fig* \m \v 11 دەرۋازىدا تۇرغان ھەممە خەلق بىلەن ئاقساقاللار: ــ بىز گۇۋاھتۇرمىز. پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرگەن ئايالنى ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنى بەرپا قىلغان راھىلە بىلەن لېياھ ئىككىسىدەك قىلغاي؛ سەن ئۆزۈڭ ئەفراتاھ جەمەتى ئىچىدە باياشات بولۇپ، بەيت-لەھەمدە نام-ئىززىتىڭ زىيادە بولغاي؛ \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «راھىلە ۋە لېياھ»\+bd* ــ ياقۇپنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن.\f*  \x + \xo 4:11 \xt يار. 29‏:32-35؛ 30‏:1-25؛ 35‏:17، 18\x* \v 12 پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ياش چوكاندىن تاپقۇزىدىغان نەسلىڭ تۈپەيلىدىن سېنىڭ جەمەتىڭ تامار يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن پەرەزنىڭ جەمەتىدەك بولغاي! ــ دېدى. \x + \xo 4:12 \xt يار. 38‏:29؛ 1تار. 2‏:4؛ مات. 1‏:3\x* \b \m \s1 پادىشاھ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر \m \v 13 ئاندىن بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. \v 14 قىز-ئاياللار نائومىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! شۇ نەسلىڭنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئىززەت-ئابرۇيلۇق بولغاي!\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «ھەمجەمەت-نىجاتكار»\+bd* ــ شۇ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» بولسا تۇغۇلغان بالا ئۆزىدۇر. 15-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 15 ئۇ ساڭا جېنىڭنى يېڭىلىغۇچى ھەم قېرىغىنىڭدا سېنى ئەزىزلىغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى سېنى سۆيىدىغان، ساڭا يەتتە ئوغۇلدىن ئەۋزەل بولغان كېلىنىڭ ئۇنى تۇغدى، ــ دېدى. \v 16 نائومى بالىنى ئېلىپ، باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭغا باققۇچى ئانا بولدى.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «باققۇچى ئانا»\+bd* ــ بەلكىم قانۇن جەھەتتىن بالىنىڭ ئاتاق ئانىسى بولغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 17 ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئاياللار «نائومىغا بىر بالا تۇغۇلدى» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويدى. ئۇلار ئۇنىڭغا «ئوبەد» دەپ ئات قويدى. ئۇ يەسسەنىڭ ئاتىسى بولدى، يەسسە داۋۇتنىڭ ئاتىسى بولدى.\f □ \fr 4:17 \ft \+bd «ئوبەد»\+bd* ــ «قۇل»، «خىزمەتكار» دېگەن مەنىدە. \+bd «داۋۇت»\+bd* ــ داۋۇت پادىشاھ.\f* \b \m \s1 داۋۇت پادىشاھ، يەنى داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ نەسەبنامىسى \m \v 18 پەرەزنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى،\x + \xo 4:18 \xt 1تار. 2‏:5؛ مات. 1‏:3\x* \v 19 ھەزروندىن رام تۆرەلدى، رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، \v 20 ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، \v 21 سالموندىن بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن ئوبەد تۆرەلدى، \v 22 ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى ۋە يەسسەدىن داۋۇت تۆرەلدى.