\id ROM \h رىملىقلارغا \toc1 رىملىقلارغا \toc2 رىملىقلارغا \toc3 رىم. \mt1 رىملىقلارغا \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس رىم شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ \m \v 1 روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! \x + \xo 1:1 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ گال. 1‏:15. \x* \m \v 2 خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. \x + \xo 1:2 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. \x* \v 3‏-4 بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛\f □ \fr 1:3‏-4 \ft \+bd «جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان»\+bd* ــ مۇشۇ «داۋۇت» بولسا داۋۇت پەيغەمبەر، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان داۋۇت. نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسىھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ، دەپ بېشارەت بەرگەنىدى. \+bd «بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پاك-مۇقەددەسكە تەۋە بولغان روھ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئۆز مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار بۇ ئىبارىنى مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆز روھىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 1:3‏-4 \xt مات. 1‏:1؛ لۇقا 1‏:32؛ روس. 2‏:30؛ 13‏:23؛ 2تىم. 2‏:8؛ يەش. 9‏:5؛ 44‏:6؛ 54‏:5؛ يـۇھ. 2‏:19؛ رىم. 9‏:5؛ 1يۇھ. 5‏:20. \x* \v 5 ئۇ ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق؛\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتا بەزىدە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. \+bd «خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا سۆزمۇسۆز پەقەت «ئېتىقادنىڭ ئىتائىتى ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ.\f* \v 6 سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر»\+bd* ــ «ئۇلار ئارىسىدا» ــ يەنى مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يات ئەللەر ئارىسىدا. دېمەك، رىملىق ئېتىقادچىلار دەل روسۇل پاۋلۇس ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا چاقىرىلغان كىشىلەردىندۇر. \+bd «ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھكە مەنسۇپ بولۇشقا (خۇدا تەرىپىدىن) چاقىرىلغان...».\f* \m \v 7 شۇڭا، خۇدا سۆيگەن ۋە ئۇ «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرغان رىم شەھىرىدىكى ھەممىڭلارغا، ئاتىمىز خۇدادىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!\x + \xo 1:7 \xt 1كور. 1‏:2؛ ئ‍ەف. 1‏:1. \x* \b \m \s1 تەشەككۈر دۇئاسى \m \v 8 ئالدى بىلەن مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى»\+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىدىكىلەر رىمنىڭ قانۇنى بويىچە: «ئىمپېراتورى «قەيسەر»نى «رەب خۇدا» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا «ئەيسا مەسىھ رەببىمدۇر» دەپ ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتتىق قارشىلىققا ۋە كۆپ قېتىم دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. پايتەختى رىم شەھىرىدىكى پۇقرالاردىن بەزىلىرىنىڭ مەسىھكە باغلانغانلىقى: «رىم شەھىرىدە مەسىھكە ئەگەشكۈچىلەر بار ئىكەن!» دەپ دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەنىدى.\f* \v 9 ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا ئۆزى مېنىڭ دۇئالىرىمدا سىلەرنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز ئەسلەپ تۇرغانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «چىن روھ-قەلبىم بىلەن» پەقەت «روھىمدا» دېيىلىدۇ. \+bd «خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا...»\+bd* ــ «خىزمىتى» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا ئالاھىدە «روھىي خىزمەت» ياكى «كاھىنلىق خىزمەت»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:9 \xt رىم. 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 2تىم. 1‏:3. \x* \v 10 مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن. \x + \xo 1:10 \xt رىم. 15‏:23،32. \x* \v 11 چۈنكى مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززامەن؛ \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «روھىي ئىلتىپات»\+bd* ــ مۇقەددەس روھتىن كېلىدىغان ئالاھىدە، مۆجىزىلىك قابىلىيەتتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، «1كور.» 12-14-بابلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:11 \xt رىم. 15‏:29؛ 1تېس. 3‏:10. \x* \v 12 يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا تەسەللى ۋە ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن. \b \m \v 13 قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى...»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئادەتتە رىم ئىمپېراتورى يارلىق چۈشۈرگەندە ئىشلىتىدىغان ئىبارە ئىدى. روسۇل پاۋلۇس تۆۋەندىكى گېپىنى «ئالەم ئىمپېراتورى ئەيسا مەسىھ»دىن كەلگەن دەپ پۇراتماقچى ئوخشايدۇ. ئەينى سۆزلەر «شۇنى بىلمەسلىكىڭلارنى خالىمايمەنكى،...». \+bd «ئەللىكلەر»\+bd* ــ بارلىق يەھۇدىي ئەمەس مىللەتلەر، «يات ئەللەر»، «تائىپىولەر».\f*  \x + \xo 1:13 \xt 1تېس. 2‏:18. \x* \v 14 مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن. \f □ \fr 1:14 \ft \+bd «... ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يات تائىپىلەر» يۇنانلىق ئەمەسلەرنى ياكى شۇ دەۋردىكى «مەدەنىيەت بەلگىسى بولغان يۇنان تىلى»نى سۆزلىيەلمەيدىغان «مەدىنىيەتسىزلەر»نى كۆسىتىدۇ. \+bd «مەن... ھەممىسىگە قەرزدارمەن»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم «ھەممىسىگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن» بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 1:14 \xt 1كور. 9‏:16. \x* \v 15 شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەت ماڭا يار بەرسىلا مەن رىمدىكى سىلەرگىمۇ خۇش خەرۋەرنى يەتكۈزۈپ بايان قىلىشقا قىزغىنمەن. \b \m \s1 خۇش خەۋەرنىڭ زور قۇدرىتى \m \v 16 چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرى» دېگەن سۆزدە ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «گرېكلەر»\+bd* ــ (ياكى «يۇنالىقلار») مۇشۇ يەردە بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئەللىكلەر ياكى مىللەتلەرگە ۋەكىل كېلىدۇ. \+bd «...نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر»\+bd* ــ «نىجات» دېگەن خۇدا ئادەمنى گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:16 \xt زەب. 40‏:9-10؛ 1كور. 1‏:18؛ 15‏:2؛ 2تىم. 1‏:8. \x* \v 17 چۈنكى \add خۇش خەۋەردە\add* ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ».\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «خۇش خەۋەردە ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇش خەۋەردە خۇدادىن كەلگەن، باشتىن ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغان (بىر) ھەققانىيلىق ئاشكارىلانغاندۇر». \+bd «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ»\+bd* ــ «ھاب.» 4:2.\f*  \x + \xo 1:17 \xt ھاب. 2‏:4؛ يـۇھ. 3‏:36؛ رىم. 3‏:21؛ گال. 3‏:11؛ فىل. 3‏:9؛ ئىبر. 10‏:38. \x* \b \m \s1 ئىنسانىيەتنىڭ چۈشكۈنلۈك جەريانى \m \v 18 چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. \v 19 چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن \x + \xo 1:19 \xt روس. 14‏:17. \x* \v 20 (چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) \x + \xo 1:20 \xt زەب. 19‏:1-2\x* \v 21 ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. \x + \xo 1:21 \xt قان. 28‏:28 \x* \v 22 ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛ \v 23 چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى.\x + \xo 1:23 \xt 2پاد. 17‏:29. \x* \m \v 24 شۇڭا خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرى بىلەن ئىپلاسلىق قىلىشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى نومۇسقا قالدۇرۇشقا قويۇپ بەردى. \v 25 ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن! \m \v 26 مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى پەسكەش شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى؛ \f □ \fr 1:26 \ft \+bd «ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاياللارمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:26 \xt لاۋ. 18‏:22،23. \x* \v 27 شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندىلىككە كىرىشتى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇخالىپ قىلمىشلىرى ئۆز بېشىغا چىقتى. \m \v 28 ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. \v 29 ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، \v 30 تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، \v 31 يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. \v 32 ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ.\x + \xo 1:32 \xt ھوش. 7‏:3. \x* \b \b \m \c 2 \s1 خۇدانىڭ ھۆكۈمى \m \v 1 ئەمدى ئەي باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنسان، كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر باھانە كۆرسىتەلمەيسەن؛ چۈنكى باشقىلار ئۈستىدىن قايسى ئىشتا ھۆكۈم قىلساڭ، شۇ ئىشتا ئۆز گۇناھىڭنى بېكىتىسەن. چۈنكى ئەي ھۆكۈمچى، سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن.\x + \xo 2:1 \xt 2سام. 12‏:5؛ مات. 7‏:1؛ 1كور. 4‏:5. \x* \v 2 بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى \add مۇتلەق\add* ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر. \m \v 3 شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟ \v 4 ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟\x + \xo 2:4 \xt 2پېت. 3‏:15. \x* \v 5 ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن.\x + \xo 2:5 \xt رىم. 9‏:22. \x* \m \v 6 خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ.\x + \xo 2:6 \xt زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. \x* \v 7 ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىق...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە چىرىمەسلىك...».\f* \v 8 لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛\x + \xo 2:8 \xt 2تېـس. 1‏:8. \x* \v 9 يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد-ئەلەم چۈشىدۇ؛ \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «يەھۇدىيلارغا، ئاندىن گرېكلەرگە...»\+bd* ــ «گرېكلەر» (ياكى «يۇنانلىقلار») يەردە ۋە 10-ئايەتتە بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئەللىلەر ۋە مىللەتلەرگە ۋەكىل كېلىدۇ.\f* \v 10 بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ. \v 11 چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر.\x + \xo 2:11 \xt قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17. \x* \m \v 12 ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەي گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، \add ئەيىبكە ئۇچراپ\add* ھالاك بولىدۇ؛ تەۋرات قانۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى بۇ قانۇن بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنى»\+bd* ــ ياكى پەقەت «قانۇن» ياكى «مۇقەددەس قانۇن»، مۇشۇ يەردە ۋە تۆۋەندىكى بارلىق ئايەتلەردە خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋۋالقى بەش قىسمىنى تەشكىل قىلغان؛ شۇڭا يەھۇدىي خەلقى بەزىدە مۇشۇ بەش قىسىمنى «قانۇن-يوليورۇق» (ئىبرانىي تىلىدا «توراھ») دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب تىلىدىكى «تەۋرات» مۇشۇ سۆزدىن چىققان. \fp ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا «مۇقەددەس قانۇننى بىلمىگەنلەر» يەھۇدىي ئەمەسلەر («يات ئەللەر»)نى كۆرسىتىدۇ، «مۇقەددەس قانۇننى بىلگەنلەر» يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. \fp \fp «تەۋرات» ۋە «تەۋرات قانۇنى» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 13 (چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ. \x + \xo 2:13 \xt مات. 7‏:21؛ ياق. 1‏:22؛ 1يۇھ. 3‏:7. \x* \v 14 چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ. \v 15 ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ) \v 16 ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، \add يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ\add*.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ»\+bd* ــ «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار» 6-12 ئايەتلەردە ئېيتىلغان ئىشلارنى، دېمەك خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:16 \xt مات. 25‏:31. \x* \b \m \s1 يەھۇدىيلار ۋە تەۋرات قانۇنى \m \v 17 سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ، \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدادا ماختانساڭ...».\f*  \x + \xo 2:17 \xt رىم. 9‏:4. \x* \v 18 قانۇندىن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئېسىل بىلەن پەسنى پەرق ئەتكەن بولساڭ، \v 19‏-20 تەۋرات قانۇنىدىن بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولدۇم دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارغا يول باشلىغۇچى، قاراڭغۇدا قالغانلارغا ماياك، نادانلارغا ئۆگەتكۈچى، گۆدەكلەرگە ئۇستاز دەپ ئىشەنگەن بولساڭ ــ \v 21 ئەمدى سەن باشقىلارغا تەلىم بېرىسەنۇ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ ئوغرىلىق قىلماڭلار دەپ ۋەز ئېيتىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ \v 22 «زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسەن؟ \v 23 تەۋرات قانۇنى بىلەن ماختىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇداغا داغ كەلتۈرەمسەن؟! \v 24 خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* يېزىلغىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا».\f □ \fr 2:24 \ft \+bd «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا»\+bd* ــ «يەش.» 5:52.\f*  \x + \xo 2:24 \xt يەش. 52‏:5؛ ئ‍ەز. 36‏:2. \x* \m \v 25 تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 2:25 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ.»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەتنە قىلىدۇ. خەتنىلىكنىڭ ئۆزى «مەن خۇدانىڭ ئادىمىمەن» دېگەنلىكنى ۋە «يەھۇدىي بولۇش»نىڭ سىمۋولى دەپ قارىلاتتى.\f* \v 26 ئەمدى خەتنىسىزلەر قانۇننىڭ تەلەپلىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە خەتنىسىز بولسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن خەتنىلىك ھېسابلانمامدۇ؟ \v 27 تەۋرات قانۇن دەستۇرىدىن خەۋەردار ۋە خەتنىلىك تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى، ئى يەھۇدىي، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان جىسمانىي خەتنىسىزلەر تەرىپىدىن سېنىڭ گۇناھىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتمامدۇ؟ \m \m \v 28 چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى \add ھەقىقىي\add* يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ \add ھەقىقىي\add* خەتنە دېگىلى بولمايدۇ، \x + \xo 2:28 \xt يـۇھ. 8‏:39؛ رىم. 9‏:7. \x* \v 29 روھىدا يەھۇدىي بولغىنى \add ھەقىقىي\add* يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر. بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ.\f □ \fr 2:29 \ft \+bd «روھىدا يەھۇدىي بولغىنى ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر»\+bd* ــ «روھتىندۇر» بولسا، مۇقەددەس روھتىندۇر. بەزى ئالىملار «روھتىن»نى «روھتا» دەپ چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئايەتنى «...خەتنە قەلبدە، روھتا،... دەستۇرىدىن ئەمەستۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. خەتنە توغرۇلۇق «ئەزاكىيال»، «فىلىپپىلىقلارغا» ۋە «كولوسسىلىكلەرگە»دىكى «قوشۇمچە سۆز»لىرىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھۇدا» دېگەننىڭ ئەسلىي مەنىسى: «ماختاش»، «تەرىپلەش»، «تەرىپ» دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئايەتنىڭ تېگىدىكى مەنىسى: ««ھەقىقىي يەھۇدىي» بولۇش ئۈچۈن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلەنگەن («يەھۇدا») بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 2:29 \xt قان. 10‏:16؛ يەر. 4‏:4؛ فىل. 3‏:2، 3؛ كول. 2‏:11. \x* \b \b \m \c 3 \m \v 1 ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ \v 2 ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.\x + \xo 3:2 \xt زەب. 147‏:19؛ رىم. 9‏:4. \x* \v 3 ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟»\+bd* ــ پاۋلۇس بەلكىم خۇدانىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ئەھدە-ۋەدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، بەزى يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بۇ قىلمىشلىرى خۇدانىڭ ۋەدىسىنى يوققا چىقىرىۋېتەمدۇ؟\f*  \x + \xo 3:3 \xt چۆل. 23‏:19؛ رىم. 9‏:6؛ 2تىم. 2‏:13. \x* \v 4 ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە\add* يېزىلغىنىدەك: ــ \m «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، \m شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن».\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن»\+bd* ــ «زەب.» 4:51. «شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھۆكۈم چىقارغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن». زەبۇردىكى بۇ كۈيدە داۋۇت پەيغەمبەر ئېغىر گۇناھىنى خۇدا ۋە خەلق ئالدىدا ئىقرار قىلىدۇ؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى، خۇدا مېنى جازالىغاندا، خەلق بېشىمغا چۈشىدىغان كۈلپەتنىڭ خۇدادىن ئادىل جازاسىنى بىلسۇن دەپ ئېيتىدۇ. گۇناھىنى ئوچۇق ئىقرار قىلمىغان بولسا بەلكىم خەلق: «نېمىشقا سۆيۈملۈك داۋۇت پادىشاھىمىز كۈلپەتكە ئۇچرىغاندۇ، خۇدا ئۇنىڭغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانمىدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ دېگىنى پاۋلۇسنىڭ دېگىنىگە ئوپمۇ-ئوخشاش؛ خۇدا ھەقتۇر ھەم ئالەم ئالدىدا ئۇنىڭ ھەقلىقى ئىسپاتلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھەر ئىشتىكى دۇرۇسلۇقى ئىسپاتلانسۇن (ۋە ئىسپاتلىنىدۇ!)، خاتالىق ياكى يالغانچىلىقنىڭ بولسا بىزدىلا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسۇن (ۋە ئىسپاتلىنىدۇ!).\f*  \x + \xo 3:4 \xt زەب. 51‏:4؛ 116‏:11؛ يـۇھ. 3‏:33. \x* \m \v 5 لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن!»\+bd* ــ دېمەك، پەقەت ئىساننىڭ كۆز-قارىشى بويىچە سۆزلەيمەن. بۇ ئىبارىدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھەرقانداق ئادەم توۋا قىلمىسا، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى تۇمانلىشىپ كېتىدۇ، ئۆزى ئېلىشىپ قالىدۇ.\f* \v 6 مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟ \m \v 7 \add بەزىلەر يەنە\add*: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» \add دېيىشى مۇمكىن\add*.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «مېنىڭ يالغانچىلىقىم ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنىدۇ...»\+bd* ــ خۇدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ بەزىلىرى ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقى، ھەتتا مەسىلەن ئۆز مەسىھىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ بېشارەت بەرگەنىدى. شۇڭا «مېنىڭ يالغانچىلىقىم» خۇدانىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.\f* \v 8 ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر! \b \m \s1 ھەققانىي ئادەم يوقتۇر \m \v 9 ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز \add يەھۇدىيلار\add* \add يەھۇدىي ئەمەسلەردىن\add* ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق»\+bd* ــ «گرېكلار» مۇشۇ يەردە بارلىق «يەھۇدىي ئەمەسلەر»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt گال. 3‏:22. \x* \m \v 10 دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ \m «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر،\x + \xo 3:10 \xt زەب. 14‏:3؛ 53‏:3 \x* \m \v 11 يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، \m خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر. \m \v 12 ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، \m ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. \m مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.\f □ \fr 3:12 \ft \+bd «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، ... ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر»\+bd* ــ (10-13-ئايەت) «زەب.» 1:14-3 (يەنە 1:53-3)؛ «توپ.» 20:7.\f*  \x + \xo 3:12 \xt زەب. 14‏:1-3؛ 53‏:1-3؛ توپ. 7‏:20\x* \m \v 13 ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، \m تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ \m كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 9:5 ۋە 3:140.\f*  \x + \xo 3:13 \xt زەب. 5‏:9؛ 140‏:4. \x* \v 14 ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان.\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان»\+bd* ــ «زەب.» 7:10.\f*  \x + \xo 3:14 \xt زەب. 10‏:7\x* \m \v 15 «پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛\x + \xo 3:15 \xt پەند. 1‏:16؛ يەش. 59‏:7. \x* \m \v 16 بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. \m \v 17 تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس».\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر»\+bd* ــ (15-17-ئايەت) «يەش.» 7:59-8.\f*  \x + \xo 3:17 \xt يەش. 59‏:7،8\x* \m \v 18 «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر».\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر»\+bd* ــ «زەب.» 1:36.\f*  \x + \xo 3:18 \xt زەب. 36‏:1\x* \m \v 19 تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر. \f □ \fr 3:19 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلار»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن»\+bd* ــ «تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم يۇقۇرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن، بارلىق ئىنساننىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان (تەۋراتتىكى) ئايەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.\f* \v 20 شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن \add خۇدانىڭ\add* ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ.\x + \xo 3:20 \xt رىم. 7‏:7؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:18. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىنساننى ھەققانىي قىلىشى \m \v 21 بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ \add يازمىلىرىمۇ\add* گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛ \x + \xo 3:21 \xt رىم. 1‏:17؛ فىل. 3‏:9. \x* \v 22 يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر \f □ \fr 3:22 \ft \+bd «مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلار...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئىتىقادى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلار...». گرېك تىلىدا «ئىشەنچ، ئېتىقاد» ۋە «ساداقەتلىك، ئىشەنچلىك» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 23 (چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) \f □ \fr 3:23 \ft \+bd «چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى»\+bd* ــ بۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار؛ (1) خۇدا ئەسلىدە ئادەمنى «ئۆز سۈرىتى بويىچە»، يەنى «ئۆز شان-شەرىپى بولۇشى ئۈچۈن» ياراتقانىدى. گۇناھ سادىر قىلغىنىدا ئىنسان بۇ شان-شەرەپكە يېتەلمىدى، شۇڭلاشقا خۇداغا ۋەكىل بولۇشتىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولدى. (2) گۇناھى تۈپەيلىدىن ئىنسان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرەلمەيدىغان بولدى.\f* \v 24 چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، \add خۇدانىڭ\add* مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ.\f □ \fr 3:24 \ft \+bd «مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق...»\+bd* ــ ياكى «مەسىھ ئەيسانىڭ گۇناھتىن ھۆر قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق...».\f*  \x + \xo 3:24 \xt يەش. 53‏:5. \x* \m \v 25 خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ \add ئىنسانلارنىڭ\add* ئۇنىڭ \add قۇربانلىق\add* قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن \add قۇربانلىق\add* ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. \f □ \fr 3:25 \ft \+bd «گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كافارەت» توغرۇلۇق «مىس.» 33:29 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ (ئىنسانلارنىڭ) ئۇنىڭ (قۇربانلىق) قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن (قۇربانلىق) ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى»\+bd* ــ بۇ تولۇق ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. خۇدا بۇرۇنقى زاماندىكى توۋا قىلغان ئېتىقادچى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى جازالىماي كەچۈرۈم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەسىھنىڭ كەلگۈسى زاماندا قۇربانلىق بولۇپ، شۇ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئاساسلانغانىدى، شۇڭلاشقا پۈتۈنلەي ئادىللىق ئىدى. «گۇناھلارغا ... ئۆتكۈزۈۋېتىش» دېگەن ئىبارە بەلكىم بۇرۇنقى دەۋردىكى \+bd بارلىق گۇناھلارنىمۇ\+bd* ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىراق خۇدا بۇ گۇناھلارنى جازالىماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، خەقلەر توۋا قىلمىسا بەرىبىر ئاخىر بېرىپ ئۆزلىرى جازالىرىنى تارتىدۇ. ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق.\f*  \x + \xo 3:25 \xt مىس. 25‏:17؛ 2كور. 5‏:19؛ كول. 1‏:20؛ ئىبر. 4‏:16؛ 1يۇھ. 4‏:10. \x* \v 26 بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ \add قۇربانلىق\add* ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى.\f □ \fr 3:26 \ft \+bd «شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى»\+bd* ــ مەسىھ ئەيسا ھەر زاماندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممە گۇناھىنىڭ تېگىشلىك جازاسى (خۇدانىڭ گۇناھ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان غەزىپى)نى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خۇدا تولىمۇ ھەققانىيلىق بىلەن توۋا قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇلارنى ھەققانىي قىلغۇچى بولىدۇ.\f* \m \v 27 ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى! \m ــ نېمە پرىنسىپقا ئاساسەن؟ قانۇنغا ئىنتىلىش پرىنسىپى بىلەنمۇ؟ \m ــ ياق! «ئېتىقاد» پرىنسىپى بىلەن! \m \v 28 چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز! \f □ \fr 3:28 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس...»\+bd* ــ مۇ ئىبارە گرېك تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ: «قانۇندىكى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» ياكى «قانۇنغا قارىتىلغان ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» ياكى «قانۇندىن چىققان ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە «رىم.» 28:3، «گال.» 16:2، 2:3، 5، 10دىمۇ تېپىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى» ئۆزىنىڭ گۇناھقا پاتقان بىر گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس.\f*  \x + \xo 3:28 \xt روس. 13‏:38؛ رىم. 8‏:3؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:25. \x* \v 29 ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر. \v 30 خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ. \f □ \fr 3:30 \ft \+bd «خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «خەتنە قىلىنغانلار» يەھۇدىيلارنى، «خەتنە قىلىنمىغانلار» بارلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 31 ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز. \b \b \m \c 4 \s1 ئىبراھىمنىڭ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي دەپ ھېسابلىنىشى، بىزگە بىر ئۈلگىدۇر \m \v 1 ئۇنداقتا، بىز \add يەھۇدىيلارنىڭ\add* جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى..»\+bd* ــ ياكى «ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئۆگەنگىنى..»، «ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ بىلگىنى..».\f*  \x + \xo 4:1 \xt يەش. 51‏:2. \x* \v 2 ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى). \v 3 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ \m «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ \m بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېيىلىدۇ.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى»\+bd* ــ «يار.» 6:15.\f*  \x + \xo 4:3 \xt يار. 15‏:6؛ گال. 3‏:6؛ ياق. 2‏:23. \x* \m \v 4 ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ. \v 5 بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ!\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ!»\+bd* ــ «ھېچ ئەمەل قىلماي» دېگىنى، ھەققانىيلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش جەھەتىدىن ئېيتىلىدۇ، «ئادەملەر جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك ئەمەس» دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.\f* \v 6 خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت \add پەيغەمبەرمۇ\add* مۇنداق دېگەن: ــ \m \v 7 «ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، \m گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!\x + \xo 4:7 \xt زەب. 32‏:1\x* \m \v 8 پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!».\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ (7-8-ئايەت) «زەب.» 1:32-2.\f*  \x + \xo 4:8 \xt زەب. 32‏:1، 2\x* \m \v 9 ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى: «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى»\+bd* ــ «يار.» 6:15.\f*  \x + \xo 4:9 \xt يار. 15‏:6\x* \m \v 10 ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى! \v 11 ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ \add ئېتىقادى بىلەن\add* ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ!\x + \xo 4:11 \xt يار. 17‏:11. \x* \m \v 12 ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر. \m \v 13 چۈنكى \add خۇدانىڭ\add* ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن. \v 14 چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى. \x + \xo 4:14 \xt گال. 3‏:18. \x* \v 15 چۈنكى تەۋرات قانۇنى \add خۇدانىڭ\add* غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ ئادەم خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلالمىغاچقا، قانۇن ئۇنىڭ گۇناھىنى نامايان قىلىدۇ؛ نامايان قىلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ غەزىپى ئۇنىڭ گۇناھى ئۈستىگە چۈشىدۇ.\f*  \x + \xo 4:15 \xt يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 5‏:20؛ 7‏:8؛ گال. 3‏:19. \x* \m \v 16‏-17 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ \add پەقەت\add* ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى. \f □ \fr 4:16‏-17 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلار»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلق. \+bd «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم»\+bd* ــ («يار.» 5:17). خۇدانىڭ ئىبراھىمغا ئېيتقان بۇ سۆزى «ئۆتكەن زامان» شەكلىدە («\+bd قىلدىم\+bd*») بولۇپ، ھېچ پەرزەنتسىز بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئېيتىلغان. بۇ كېيىنكى ئايەتلەر بىلەن زىچ باغلىقتۇر.\f*  \x + \xo 4:16‏-17 \xt يەش. 51‏:2؛ يار. 17‏:5. \x* \v 18 ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭ \add سان-ساناقسىز\add* بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى. \f □ \fr 4:18 \ft \+bd «سېنىڭ نەسلىڭ سان-ساناقسىز بولىدۇ»\+bd* ــ «يار.» 5:15.\f*  \x + \xo 4:18 \xt يار. 15‏:5؛ ئىبر. 11‏:12. \x* \v 19 ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛ \f □ \fr 4:19 \ft \+bd «ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ...»\+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆز تېنىنىڭ ئۆلۈكتەك بولغان ئەھۋالىغا ۋە ساراھنىڭ قەتئىي تۇغماسلىقىغا تولىمۇ رېئاللىق ۋە ئېغىربېسىقلىق بىلەن قارايتتى، بىراق بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ھېچ تەسىر يەتكۈزمىدى.\f* \v 20 خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى، \x + \xo 4:20 \xt يـۇھ. 8‏:56؛ ئىبر. 11‏:11، 18. \x* \v 21 «ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۈرۈلدى. \x + \xo 4:21 \xt زەب. 115‏:3\x* \v 22 شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى». \x + \xo 4:22 \xt يار. 15‏:6. \x* \v 23‏-25 بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ \add مەسىھ\add* بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.\f □ \fr 4:23‏-25 \ft \+bd «مەسىھ بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى»\+bd* ــ «پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى» دېگەن ئىبارە بولسا، ئۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلدى، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۇلۇغ پىلانى ئىدى، دەپ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:23‏-25 \xt رىم. 15‏:4. \x* \b \b \m \c 5 \s1 خۇدا بىلەن ئىناق ئۆتۈش \m \v 1 شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز.\x + \xo 5:1 \xt يەش. 32‏:17؛ يـۇھ. 16‏:33؛ ئ‍ەف. 2‏:13. \x* \v 2 ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. \x + \xo 5:2 \xt يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ 1كور. 15‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:18؛ 3‏:12؛ ئىبر. 3‏:6؛ 10‏:19. \x* \v 3‏-4 شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز.\f □ \fr 5:3‏-4 \ft \+bd «مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز»\+bd* ــ ياكى «مۈشكۈل ئەھۋاللاردىن تەنتەنە قىلىمىز».\f*  \x + \xo 5:3‏-4 \xt ياق. 1‏:3. \x* \v 5 ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى»\+bd* ــ ئىنساننىڭ خۇداغا باغلىغان ھەرقانداق ئۈمىدى، ئۇنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ بار-يوق ئىكەنلىكىگە زىچ باغلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەگەر بىز «خۇدا بىزنى سۆيىدۇ» دەپ بىلسەك ھەمدە خۇدانىڭ مۇھەببىتى ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا پەيدا بولغان بولسا، ھەرقانداق زور ئۈمىدلەرمۇ بولىدۇ.\f* \m \v 6 چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن \add خۇدا\add* بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا...»\+bd* ــ «ئامالسىز» ــ ئۆزىمىزنى گۇناھتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز.\f*  \x + \xo 5:6 \xt ئ‍ەف. 2‏:1؛ كول. 2‏:13؛ ئىبر. 9‏:15؛ 1پېت. 3‏:18. \x* \v 7 بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ \v 8 لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى.\x + \xo 5:8 \xt ئىبر. 9‏:15؛ 1پېت. 3‏:18. \x* \v 9 ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق \add كېلىدىغان\add* غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «ئەمدى ئۇ ئارقىلىق كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر»\+bd* ــ «كېلىدىغان غەزەپ» خۇدانىڭ گۇناھلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان غەزىپى.\f* \v 10 چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى \add ئوغلىنىڭ\add* ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى ئوغلىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟!»\+bd* ــ خۇدانىڭ نىجاتىدا «قۇتۇلۇش» پەقەت دوزاختىن قۇتۇلۇش ئەمەس، گۇناھنىڭ بارلىق ئاسارەتلىرىدىن ئازاد بولۇپ يېڭى ئەھمىيەتلىك ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.\f* \v 11 بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل مەنىسى باركى، «خۇدانى قاتتىق داڭلايمىز».\f* \b \m \s1 ئادەمئاتىدىن ئۆلۈم، مەسىھتىن ھاياتلىق ــ گۇناھنىڭ يىلتىزى \m \v 12 شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى \f □ \fr 5:12 \ft \+bd «شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى»\+bd* ــ «بىرلا ئادەم ئارقىلىق» بولسا، ئادەمئاتىمىز ئارقىلىق، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:12 \xt يار. 2‏:17؛ 3‏:6؛ 1كور. 15‏:21. \x* \v 13 (چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ. \v 14 شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى). \m ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛ \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «... شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى)»\+bd* ــ روسۇلنىڭ گېپى بويىچە، گۇناھ پەقەت ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولغاندىلا ئاندىن گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەلۇم بولۇش ئىككى يول بىلەن بولىدۇ: ــ (1) خۇدانىڭ ئىنسانغا بىۋاسىتە ئېيتقان سۆزلىرى، قانۇنى ئارقىلىق؛ (2) ئىنسانىڭ ۋىجدانى ئارقىلىق. ئادەمئاتىمىز خۇدانىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. ئادەمئاتىمىز ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە، يەنى تەۋرات قانۇنى بېرىلگۈچە، ئىنسانلار خۇدادىن بىۋاسىتە كەلگەن بىرەر قانۇننى كۆرمىگەن. ھالبۇكى، شۇ دەۋرلەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. ئۇلاردا خۇدانىڭ ئوچۇق كۆرسەتكەن قانۇنى بولمىسىمۇ، پاۋلۇس يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، خۇدانىڭ قانۇنىدىكى ئەخلاقىي تەلەپلەر ئۆز قەلب-ۋىجدانلىرىدا مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ دەۋرلەردىكىلەر «ئادەمئاتىمىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكى» (يەنى خۇدانىڭ بىۋاسىتە بىر ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ئىتائەتسىزلىكى)دەك گۇناھ قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلغىنىدا ۋىجدانى ئارقىلىق ئۇنى ئېنىق بىلىپ يەتكەن ۋە گۇناھ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانىدى. \+bd «ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر»\+bd* ــ ئادەمئاتىمىزنىڭ بىرلا قېتىملىق گۇناھى پۈتكۈل ئىنسانغا يامان تەسىر يەتكۈزگەندەك، مەسىھنىڭ شۇ بىر قېتىملىق ئىتائەت قىلغىنى (قۇربانلىقى قىلغىنى) پۈتكۈل ئىشەنگەن ئىنسانغا دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى يەتكۈزىدۇ.\f* \v 15 ھالبۇكى، \add خۇدانىڭ\add* شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى! \m \v 16 شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ. \v 17 ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، \add خۇدانىڭ\add* مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!\f □ \fr 5:17 \ft \+bd «شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!»\+bd* ــ «ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار» دېگەن ئىبارە: ــ بۇ دۇنيادا گۇناھ ئۈستىدىن، ئۆلۈم ئۈستىدىن، شەيتان قاتارلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ھۆكۈمران بولۇشنى كۆرسەتسە كېرەك. كەلگۈسىدە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلگەندە شۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ باشقا تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ.\f* \m \v 18 شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. \v 19 بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. \f □ \fr 5:19 \ft \+bd «بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت، ئادەمئاتا «ئۆز ئىچىگە ئالغان» بارلىق ئىنسانلارغا گۇناھلىق تەبىئىتىنى يەتكۈزگەندەك، ئوخشاشلا مەسىھ ئەيسامۇ ئېتىقاد ئارقىلىق «ئۆز ئىچىگە ئالغان» بارلىق ئىنسانلارغا يېڭى ھەققانىي تەبىئىتىنى يەتكۈزىدۇ. ئادەمئاتا گۇناھكار ئىنسان ئائىلىسىنىڭ بېشى بولغان؛ مەسىھ ئەيسا يېڭى بىرخىل ئىنسان ئائىلىسىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى ئەزاسى ھەم ۋەكىلى بولدى.\f* \v 20 ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، \add خۇدانىڭ\add* مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. \x + \xo 5:20 \xt لۇقا 7‏:47؛ يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 4‏:15؛ 7‏:8؛ گال. 3‏:19\x* \v 21 شۇنىڭدەك، گۇناھ \add ئىنسانىيەتنىڭ\add* ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ \add ئۇلارنى\add* ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، \add خۇدانىڭ\add* مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. \b \b \m \c 6 \s1 گۇناھتىن قۇتۇلۇپ مەسىھ ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشىش \m \v 1 ئۇنداقتا، نېمە دېگۈلۈك؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ گۇناھ ئىچىدە ياشاۋېرەمدۇق؟ \v 2 ياق، ھەرگىز! گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن بىزلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىمىز؟ \v 3 ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟»\+bd* ــ «مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلۈش» سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ ئېتىقادنى ئېتىراپ قىلىشنى كۆرسىتەمدۇ، ياكى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسىتەمدۇ؟ بىزنىڭچە ھەر ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى خۇدا ئالدىدا پەقەت «بىر چۆمۈلدۈرۈلۈش» بار («ئەف.» 5:4)؛ خۇدانىڭ ئادەمنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشىدە بولغان مەقسىتى، بۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۆز روھىغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئىبارەت. بىرسى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلمىگەن بولسا تېخى تولۇق «مەسىھ ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلگەن» بولمايدۇ (ئىنجىل، «روس.» 1:19-6، «ئەف.» 5:4، «كول.» 11:2-13، «1پېت.» 21:3 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 6:3 \xt گال. 3‏:27. \x* \v 4 بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «چۆمۈلدۈرۈلۈش» «شۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش» دېيىلىدۇ. يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك...»\+bd* ــ «ئاتا» خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 6:4 \xt رىم. 8‏:11؛ ئ‍ەف. 4‏:23؛ فىل. 3‏:10،11؛ كول. 2‏:12؛ 3‏:10؛ ئىبر. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:2. \x* \m \v 5 چۈنكى \add مەسىھنىڭ\add* ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز»\+bd* ــ «ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈم» سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىش» بىزنىڭچە (1) يېڭى ھاياتقا ئېرىشىش؛ ۋە (2) قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 6:5 \xt رىم. 8‏:11؛ كول. 3‏:1. \x* \v 6 شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن\x + \xo 6:6 \xt گال. 2‏:20؛ 5‏:24؛ فىل. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:1، 2. \x* \v 7 (چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ).\x + \xo 6:7 \xt 1پېت. 4‏:1. \x* \v 8 مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز.\x + \xo 6:8 \xt 2تىم. 2‏:11. \x* \v 9 چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. \x + \xo 6:9 \xt ۋەھ. 1‏:18. \x* \v 10 چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. \f □ \fr 6:10 \ft \+bd «ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر»\+bd* ــ «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر»: بۇ ئىبارىنىڭ بەلكىم ئۈچ مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن؛ (1) خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ياشاش؛ (2) خۇداغا پۈتۈنلەي تايىنىپ ياشاش (شۇنداق قىلغاندا ئۆلۈم بولمايدۇ)؛ (3) خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ياشاش. روسۇل بەلكىم ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يېڭى ھاياتىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي نىيەتلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان» بولۇشى كېرەك، دېمەكچى بولىدۇ (11-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 6:10 \xt 1پېت. 2‏:24. \x* \v 11 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار. \m \v 12 شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار، \v 13 شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار.\x + \xo 6:13 \xt لۇقا 1‏:74؛ رىم. 12‏:1؛ گال. 2‏:20؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 4‏:2. \x* \m \v 14 گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر. \b \m \s1 ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇش ھاياتلىق يولىدۇر \m \v 15 ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇننىڭ ئاستىدا ئەمەس، مېھىر-شەپقەت ئاستىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز! \v 16 ئۆزلىرىڭلارنى ئىتائەتمەن قۇللاردەك بىرىگە تۇتۇپ بەرسەڭلار، شۇ كىشىنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ــ ياكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھنىڭ قۇللىرى، ياكى خۇدا ئالدىدا ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتمەنلىكنىڭ قۇللىرى بولۇشۇڭلار مۇخەررەر. \x + \xo 6:16 \xt يـۇھ. 8‏:34؛ 2پېت. 2‏:19. \x* \v 17 خۇداغا تەشەككۈر! بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغانسىلەر، بىراق \add مەسىھنىڭ\add* تەلىمىگە باشلىنىپ، بۇ تەلىم كۆرسەتكەن نەمۇنىگە چىن دىلىڭلاردىن ئىتائەت قىلدىڭلار. \v 18 سىلەر گۇناھنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار.\x + \xo 6:18 \xt يـۇھ. 8‏:32؛ گال. 5‏:1؛ 1پېت. 2‏:16. \x* \m \v 19 ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن: ــ ئىلگىرى سىلەر تەن ئەزايىڭلارنى ناپاك ئىشلارغا ۋە ئەخلاقسىزلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىشىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلغاندەك، ئەمدى ھازىر تەن-ئەزالىرىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە باشلايدىغان ھەققانىيلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىڭلار. \f □ \fr 6:19 \ft \+bd «ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن...»\+bd* ــ «مەن ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق 5:3تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 20 سىلەر گۇناھنىڭ قۇللىرى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىيلىقنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ئىدىڭلار. \x + \xo 6:20 \xt يـۇھ. 8‏:34. \x* \v 21 ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر. \v 22 بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. \m \v 23 چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.\x + \xo 6:23 \xt يار. 2‏:17؛ رىم. 5‏:12؛ 1كور. 15‏:21؛ ياق. 1‏:15. \x* \b \b \m \c 7 \s1 نىكاھ مۇناسىۋىتىدىن مىسال \m \v 1 ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ \m \v 2 مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، \add ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان\add* نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ.\x + \xo 7:2 \xt 1كور. 7‏:2،10،39. \x* \v 3 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ \add نىكاھ\add* قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ.\x + \xo 7:3 \xt مات. 5‏:32. \x* \v 4 خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ \add قۇربانلىق\add* تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر.\f □ \fr 7:4 \ft \+bd «بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر»\+bd* ــ بىردىنبىر «ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى» مەسىھدۇر، ئەلۋەتتە. «خۇداغا مېۋە بېرىش»نىڭ ھەر تەرەپلىمە مەنىسى بار؛ «نىكاھنىڭ مېۋىسى» ئادەتتە بالىلار بولىدۇ؛ مەسىھكە باغلىنىشنىڭ نەتىجىسى بەلكىم باشقىلارنىڭ بىز ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد باغلاپ ئۇنىڭغا پەرزەنت بولۇشىدىن ئىبارەت بولىدۇ؛ بۇ، شۈبھىسىزكى، روسۇل مۇشۇ يەردە كۆرسەتكەن «مېۋە»نىڭ بىر قىسمى. «گال.» 22:5نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:4 \xt گال. 2‏:19؛ 1پېت. 4‏:1. \x* \m \v 5 چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛\f □ \fr 7:5 \ft \+bd «چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى»\+bd* ــ «ئەت» دېگەن سۆزنىڭ مۇشۇ يەردىكى مەنىسى توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ» دېگەن سۆزلەر قانۇننىڭ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچ تەرىپى بار: (1) ئىنساننىڭ نۇرغۇن قىلمىشلىرى ئاڭسىز؛ (2) ئىنساننىڭ تەبىئىتى بەك تەتۈر بولۇپ، خۇدا بۇنى قىل دېسە، ئۇ باشقىچە قىلىدۇ؛ (3) (ئەڭ مۇھىمى) نۇرغۇن كىشىلەر شۇ گۇۋاھلىقنى بېرىدۇكى، ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقانسېرى ئۆز گۇناھلىرى تېخىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ، ھەتتا كۆپىيىپ كېتىدۇ. تۆۋەندىكى 7-25-ئايەتلەردە پاۋلۇس ئۆزىنىڭ بۇ توغرۇلۇق تەجرىبىسىنى بىز ئۈچۈن قىسقىچە بايان قىلىدۇ.\f* \v 6 لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا \add خۇدانىڭ\add* قۇللۇقىدا بولىمىز.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا (خۇدانىڭ) قۇللۇقىدا بولىمىز»\+bd* ــ ئوقۇرمەن «تەۋرات قانۇنى»غا ئەمەل قىلاي دېسە، ئۇنىڭدا 613 ماددىلىق ئەمر-بەلگىلىمىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئۇلارغا ئەمەل قىلىش بىرياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشلا كۆپ ئادەملەرگە قىيىن كېلىشى مۇمكىن. \fp «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.\f*  \x + \xo 7:6 \xt رىم. 2‏:29؛ 2كور. 3‏:6. \x* \b \m \s1 مۇقەددەس قانۇن ۋە گۇناھ \m \v 7 ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.\x + \xo 7:7 \xt مىس. 20‏:17؛ قان. 5‏:21؛ رىم. 3‏:20؛ ئىبر. 7‏:18. \x* \v 8 لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى.\x + \xo 7:8 \xt يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 4‏:15؛ 5‏:20؛ گال. 3‏:19. \x* \v 9 بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى. \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ...»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: «تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا،....». \+bd «قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قانۇن ئەمرى ماڭا كەلگەندىلا،....». \+bd «....گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆلۈم» شۈبھىسىزكى، روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 10 ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى. \f □ \fr 7:10 \ft \+bd «ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ...»\+bd* ــ مەسىلەن، «قان.» 1:4نى كۆرۈڭ.\f* \v 11 چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى. \m \v 12 بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر. \x + \xo 7:12 \xt 1تىم. 1‏:8. \x* \v 13 ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى. \b \m \s1 گۇناھنىڭ دەھشەتلىك كۈچى \m \v 14 تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن»\+bd* ــ «ئەتكە تەۋە» ياكى «ئەتتە بولغان» توغرۇلۇق كىرىش سۆزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:14 \xt يەش. 52‏:3. \x* \v 15 چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن. \x + \xo 7:15 \xt گال. 5‏:17. \x* \v 16 لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن. \v 17 شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ. \v 18 ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن. \x + \xo 7:18 \xt يار. 6‏:3،5؛ 8‏:21. \x* \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن. \v 20 ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر. \m \v 21 بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. \f □ \fr 7:21 \ft \+bd «بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قانۇنىيەت» ۋە «قانۇن» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 22 قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛ \x + \xo 7:22 \xt ئ‍ەف. 3‏:16. \x* \v 23 بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ. \x + \xo 7:23 \xt گال. 5‏:17. \x* \v 24 نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ \v 25 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.\f □ \fr 7:25 \ft \+bd «رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن!»\+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان؛ باشقىچە ئېيتقاندا، «رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئادەمنى قۇتقۇزىدىغان خۇداغا تەشەككۈر!». \+bd «شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن»\+bd* ــ تۆۋەندىكى 8-باب، 8-، 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 8 \s1 مۇقەددەس روھتىكى ھاياتلىق قانۇنىيىتى \m \v 1 خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ. \v 2 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd «سىلەرنى خالاس قىلدى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمە ئورام يازمىلاردا «مېنى خالاس قىلدى» دەپ يېزىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:2 \xt يـۇھ. 8‏:36؛ رىم. 6‏:18، 22؛ گال. 5‏:1. \x* \v 3 چۈنكى \add گۇناھلىق\add* ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى \add قىلدى\add*؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى \add ئۆلۈمگە\add* مەھكۇم قىلىۋەتتى؛\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئۇ (خۇدا) ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھ پۈتۈنلەي ئىنسان بولدى، ئۇنىڭ تېنى بىزنىڭ تېنىمىزگە ئوخشاش، بىراق ئۇنىڭ ئېتى «گۇناھكار ئەت» ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا پاۋلۇس ئۇنىڭ: «گۇناھكار ئەتكە \+bd ئوخشايدىغان\+bd* ئەتلىك قىياپەت»لىك تەندە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:3 \xt روس. 13‏:39؛ رىم. 3‏:28؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:18. \x* \v 4 بۇنىڭ بىلەن \add مۇقەددەس\add* قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى ئەتكە ئەگەشمەيدىغان، بەلكى روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «مۇقەددەس قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى... (مۇقەددەس) روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ «قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى» ــ كىرىش سۆزىمىزدە «ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق» يازغىنىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 چۈنكى ئەتكە بويسۇنىدىغانلار ئەتكە خاس ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا، شۇ روھقا ئائىت ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ.\f □ \fr 8:5 \ft \+bd «مۇقەددەس روھ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «روھ». 6-، 13-، 23-، 26- ۋە 27-ئايەتتىمۇ شۇنداق.\f*  \x + \xo 8:5 \xt 1كور. 2‏:14. \x* \v 6 ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛ \v 7 چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ \v 8 ئەتتە بولغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ. \m \v 9 ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس. \x + \xo 8:9 \xt 1كور. 3‏:16. \x* \v 10 لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر. \f □ \fr 8:10 \ft \+bd «لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر»\+bd* ــ دېمەك، بىرسى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئېرىشكەن بولسا، شۇ ھامان مەڭگۈلۈك ھايات ئۇنىڭ روھىدا باشلىنىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن (مۇقەددەس) روھ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار بولدى».\f* \v 11 ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.\f □ \fr 8:11 \ft \+bd «مەسىھ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى»\+bd* ــ خۇدا، ئەلۋەتتە. \+bd «ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ باياننى ئىككى تەرەپتە چۈشەنگىلى بولىدۇ: (1) خۇدا قىيامەت كۈنىدە بۇ دۇنيادا ئۆلىدىغان تېنىمىزنى تىرىلدۈرىدۇ؛ (2) تېنىمىز بۇ دۇنيادا گۇناھ تۈپەيلىدىن «ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان» (10-ئايەت)، لېكىن خۇدا بىزگە ئۆز روھى ئارقىلىق ھايات ئۆتكۈزۈپ، تېنىمىزنى كۈچەيتىپ جانلاندۇرىدۇ. بىزنىڭچە ھەر ئىككى مەنىسى توغرىدۇر.\f*  \x + \xo 8:11 \xt رىم. 6‏:4، 5؛ 1كور. 6‏:14؛ 2كور. 4‏:14؛ ئ‍ەف. 2‏:5؛ كول. 2‏:13. \x* \m \v 12 شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، بىز ئەتكە قەرزدار ئەمەس، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاشقا قەرزدار ئەمەسمىز. \v 13 چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر. \f □ \fr 8:13 \ft \+bd «... ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ئۆلىسىلەر».\f* \v 14 چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. \x + \xo 8:14 \xt گال. 5‏:18. \x* \v 15 چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز. \f □ \fr 8:15 \ft \+bd «...سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر»\+bd* ــ «ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان» ــ «خۇداغا ئوغۇل بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان»، دېمەك. گرېك تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە بىرسىنىڭ يېتىم بالىنى ئۆز ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلىپ بېقىۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمى»\+bd* ــ «ئاببا» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلى بولۇپ، «سۆيۈملۈك ئاتا» دېگەن مەنىدە. «ئاببا» ھەم سۆيۈملۈك مۇناسىۋەتنى ھەم ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ. پاۋلۇس ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆزنى گرېك تىلىدا سۆزلەيدىغان رىم شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 8:15 \xt يەش. 56‏:5؛ 1كور. 2‏:12؛ گال. 3‏:26؛ 4‏:5، 6؛ 2تىم. 1‏:7. \x* \v 16 روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. \x + \xo 8:16 \xt 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30. \x* \v 17 خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز ــ خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز ــ پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.\x + \xo 8:17 \xt 2تىم. 2‏:11،12. \x* \b \m \s1 كەلگۈسىدىكى شان-شەرەپ \m \v 18 چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن. \f □ \fr 8:18 \ft \+bd «كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق»\+bd* ــ «ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق» گرېك تىلىدا «سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ». «بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىزگە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەر...». بىراق كېيىنكى ئايەتكە قارىغاندا تەرجىمىمىز توغرىدۇر.\f*  \x + \xo 8:18 \xt مات. 5‏:12؛ 2كور. 4‏:10، 17؛ فىل. 3‏:20؛ 1پېت. 4‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:1، 2. \x* \v 19 چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. \v 20‏-21 چۈنكى يارىتىلغان كائىنات \add خۇدانىڭ\add* \add لەنىتى ئاستىدا قېلىپ\add*، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى. \m \v 22 چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. \x + \xo 8:22 \xt ۋەھ. 5‏:13\x* \v 23 يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى \add مۇقەددەس\add* روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە \add خۇدانىڭ\add* ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.\f □ \fr 8:23 \ft \+bd «...خۇدانىڭ ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىز...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىزنى». \+bd «يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە (خۇدانىڭ) ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ئۈچ نۇقتا توغرۇلۇق توختىلىمىز؛ (1) «مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسى»؛ بۇ ئىبارىنىڭ بەلكىم ئىككى جەھەتى بار: (ئا) مۇقەددەس روھ بارلىق ئىشەنگۈچىلەردە خۇدانىڭ مېۋىسىنى، يەنى مۇھەببەت، شادلىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلارنى چىقىرىدۇ؛ بۇ مېۋە بولسا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ دۇنيادا چىقارغان تۇنجى مېۋىسىدۇر ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ رېئاللىقىغا ئىسپات بولىدۇ (17:14نى كۆرۈڭ)؛ (ئە) ئىشەنگۈچىلەر ئۆزلىرىدە چىقىرىلغان بۇ مېۋىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنياغا، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە تولۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىسپات ھەم كاپالەت دەپ بىلىدۇ؛ (2) «ئوغۇل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىش» ــ كونا زامانلاردا مۆتىۋەر ئادەم مەلۇم نامرات ياكى «جەمئىيەتتە ئورنى يوق» بىر ياش كىشىنى بېقىۋالماقچى بولسا، جامائەتنى چوڭ سورۇنغا چاقىرىپ ئۇنى «ئۆز ئوغلۇم»، «ئۆز قىزىم» دەپ جاكارلايتتى. روسۇل خۇدامۇ كەلگۈسىدە ئالەم ئالدىدا ئىشەنگۈچىلەرنى «ئۆز ئوغلۇم» دەپ شۇنداق جاكارلايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى. (3) «تېنىمىزنىڭ نىجاتتىكى ھۆرلۈككە چىقىرىلىشى» ــ ھازىر ئىشەنگۈچىلەرگە خۇدانىڭ نىجات-ئىلتىپاتى بىلەن يېڭى روھى، يېڭى قەلبى بار؛ مەسىھ ئەيسا بىز ئۈچۈن ئېرىشكەن نىجاتتا يەنە «يېڭى تېنىمىز»مۇ بار، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى ئۇ بىزگە بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 8:23 \xt لۇقا 21‏:28. \x* \m \v 24 بىز ئۈمىدكە باغلانغاچقا، قۇتقۇزۇلغانىكەنمىز. لېكىن ئۈمىد قىلىنغان نەرسە كۆرۈلگەن بولسا، ئۇ يەنە ئۈمىد بولامدۇ؟ كىممۇ كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئۈمىد قىلسۇن؟ \v 25 بىراق، تېخى كۆرمىگىنىمىزگە ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەكتۇر. \m \v 26 شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا \add مۇقەددەس\add* روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن \add خۇدانىڭ ئالدىدا\add* تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا. \f □ \fr 8:26 \ft \+bd «...ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا (مۇقەددەس) روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ... »\+bd* ــ «مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:26 \xt مات. 20‏:22؛ ياق. 4‏:3. \x* \v 27 ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ قارىغۇچى بولسا، \add مۇقەددەس\add* روھنىڭ ئوي-نىيەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن \add خۇدانىڭ ئالدىدا\add* دۇئا قىلىپ ئۆتۈنمەكتە. \v 28 شۇنداقلا شۇنى بىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىشلار خۇدانى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ بەخت-بەرىكىتىگە بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتا. \v 29 چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. \f □ \fr 8:29 \ft \+bd «خۇدا... ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن»\+bd* ــ «تۇنجى ئوغۇل» بىرىنچى ئورۇندا، مۇشۇ يەردە پۈتكۈل ئالەمدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. «زەب.» 27:89نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:29 \xt كول. 1‏:18. \x* \v 30 ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى. \b \m \s1 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى \m \v 31 ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟! \x + \xo 8:31 \xt چۆل. 14‏:8. \x* \v 32 ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان \add خۇدا\add*، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟ \x + \xo 8:32 \xt يار. 22‏:12؛ يەش. 53‏:5؛ يـۇھ. 3‏:16. \x* \v 33 كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە، \x + \xo 8:33 \xt يەش. 50‏:8. \x* \v 34 كىممۇ گۇناھقا مەھكۇم قىلالىسۇن؟ ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن \add خۇدانىڭ ئالدىدا\add* تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ شۇنداق قىلارمۇ؟! \f □ \fr 8:34 \ft \+bd «ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن ... دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا» بولسا ئالەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى جايى، ھەممىنى باشقۇرىدىغان يەر.\f*  \x + \xo 8:34 \xt ئىبر. 7‏:25. \x* \v 35 كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ \v 36 \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* ئېيتىلغىنىدەك: ــ \m «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، \m بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز».\f □ \fr 8:36 \ft \+bd «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز»\+bd* ــ «زەب.» 22:44 ــ نەقىل كۆلتۈرۈلگەن بۇ ئايەت بويىچە ئىشەنگۈچىلەر خۇدانىڭ يولىدا، خۇدانى دەپ كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرگە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 8:36 \xt زەب. 44‏:22؛ 1كور. 4‏:9؛ 2كور. 4‏:11. \x* \m \v 37 بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛ \v 38 شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، \f □ \fr 8:38 \ft \+bd «پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن،...»\+bd* ــ «جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار» بولسا گرېك تىلىدا پەقەت «ھۆكۈمرانلار»لا دېيىلىدۇ. ئىنجىلدا بۇ سۆز ئادەتتە جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ («ئەف.» 12:6نى كۆرۈڭ). \+bd «ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن».\f* \v 39 پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ. \b \b \m \c 9 \s1 خۇدا ۋە ئۇنىڭ تاللىغىنى ئىسرائىل \m \v 1 مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ \f □ \fr 9:1 \ft \+bd «مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن»\+bd* ــ «مەسىھتە»: «مەسىھگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات، كۈچ-قۇدرەتنى ئالغاندا.....» دېگەن مەنىدە،. «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:1 \xt رىم. 1‏:9؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 5‏:27. \x* \v 2 قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار. \v 3‏-4 چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى \add نىجات تاپقۇزالىسام\add* \add خۇدانىڭ\add* لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ــ ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، \add خۇدانىڭ\add* شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە \add تەۋرات\add* ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى.\f □ \fr 9:3‏-4 \ft \+bd «ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى،... ۋە تەۋرات ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى»\+bd* ــ «ئوغۇللۇق ھوقۇقى» دېگەكلىك، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئوغۇل بولۇشتىكى ئىمتىياز.\f*  \x + \xo 9:3‏-4 \xt مىس. 32‏:32؛ رىم. 10‏:1؛ مىس. 4‏:22؛ قان. 7‏:6؛ رىم. 2‏:17؛ 3‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:12. \x* \v 5 ئۇلۇغ \add ئىبرانىي\add* ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن! \f □ \fr 9:5 \ft \+bd «ئۇلۇغ ئىبرانىي ئاتا-بوۋىلىرى»\+bd* ــ دېمەك، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ ۋە يەھۇدا قاتارلىقلار. \+bd «جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر»\+bd* ــ دېمەك، مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ \+bd روھىي جەھەتىمۇ\+bd* بار ئىدى ــ ئۇ ھەم ئىنساندىن (پاك ئىسرائىللىق قىز مەريەمدىن) ھەم مۇقەددەس روھدىن تۇغۇلغان. \+bd «...مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن!»\+bd* ــ روسۇل پاۋلۇسقا ئەڭ دەرد يەتكۈزىدىغان ئىش ــ مەسىھ ئىسرائىلدا تۇغۇلغان ۋە تولۇق خۇدالىق تەبىئىتى بولسىمۇ، ئىسرائىللار ئۆزلىرى ئۇنى، يەنى ئۆز مەسىھىنى ھېچ تونۇمايتتى.\f*  \x + \xo 9:5 \xt يەر. 23‏:6؛ يـۇھ. 1‏:1؛ روس. 20‏:28؛ رىم. 1‏:4؛ ئىبر. 1‏:8،9،10. \x* \m \v 6 ــ بىراق خۇدانىڭ \add ئىسرائىلغا بولغان\add* سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛\x + \xo 9:6 \xt چۆل. 23‏:19؛ يـۇھ. 8‏:39؛ رىم. 2‏:28؛ 3‏:3؛ 2تىم. 2‏:13. \x* \v 7 شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا\add*: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن. \f □ \fr 9:7 \ft \+bd «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ («يار.» 12:21). بۇ سۆز ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، تولۇق مەنىسى: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ، يەنى پۈتكۈل دۇنياغا بەختىمنى يەتكۈزىدىغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسمائىلدىن ئەمەس، ئىسھاقتىنلا كېلىپ چىقىدۇ» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 9:7 \xt يار. 21‏:12؛ گال. 3‏:29؛ 4‏:23؛ ئىبر. 11‏:18. \x* \m \v 8 دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن \add ئىبراھىمدىن\add* تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىۋەرمەيدۇ، بەلكى \add خۇدانىڭ\add* ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر \add ئىبراھىمنىڭ\add* ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ.\x + \xo 9:8 \xt گال. 4‏:28. \x* \v 9 چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «\add كېلەر يىلى\add* مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ».\f □ \fr 9:9 \ft \+bd «كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ»\+bd* ــ («يار.» 10:18، 14). بۇ ئايەتتە دېيىلگەن «ئوغۇل» ئىسھاق بولىدۇ.\f*  \x + \xo 9:9 \xt يار. 18‏:10. \x* \m \v 10 ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن \add قوشكېزەكگە\add* ھامىلىدار بولغاندا، \x + \xo 9:10 \xt يار. 25‏:21. \x* \v 11‏-12 پەرزەنتلىرى تېخى تۇغۇلمىغاندا، ھېچقانداق ياخشى ياكى يامان ئىشنىمۇ قىلماستا، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رىۋكاھغا: «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى.\f □ \fr 9:11‏-12 \ft \+bd «خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ «چاقىرغۇچى بولغان» ــ خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە. \+bd «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ»\+bd* ــ («يار.» 23:25). قوشكېزەكنىڭ كىچىكى ياقۇپ، چوڭى ئەساۋ بولىدۇ.\f*  \x + \xo 9:11‏-12 \xt يار. 25‏:23. \x* \v 13 خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم».\f □ \fr 9:13 \ft \+bd «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم»\+bd* ــ تەۋرات، «مال.» 2:1-3.\f*  \x + \xo 9:13 \xt مال. 1‏:2-3. \x* \m \v 14 ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق! \x + \xo 9:14 \xt قان. 32‏:4؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:10. \x* \v 15 چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ \m «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، \m كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن».\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن»\+bd* ــ «مىس.» 19:33.\f*  \x + \xo 9:15 \xt مىس. 33‏:19. \x* \m \v 16 دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر. \v 17 چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى».\f □ \fr 9:17 \ft \+bd «چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن:...»\+bd* ــ پىرەۋن مىسىردىكى پادىشاھ بولۇپ، ئىسرائىللارنى قۇللۇققا سالغان. ئۇ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلگەن پەرمانلىرىغا زور قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە بارغانسېرى خۇداغا قاراپ ئۆز كۆڭلىنى تاش قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغان. بىراق ئاخىر بېرىپ خۇدا ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، «مىسىردىن چىقىش»تا خاتىرىلەنگەندەك، «خۇدا پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى» (12:9) ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى. \+bd «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى»\+bd* ــ «مىس.»، 16:9.\f*  \x + \xo 9:17 \xt مىس. 9‏:16. \x* \m \v 18 دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ. \b \m \s1 خۇدانىڭ غەزىپى ۋە شاپائىتى \m \v 19 ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. \m \v 20 بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلىۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ \m «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» ــ دېيەلەمدۇ؟ \x + \xo 9:20 \xt يەش. 29‏:16؛ 45‏:9؛ يەر. 18‏:6. \x* \v 21 خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ \f □ \fr 9:21 \ft \+bd «خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟»\+bd* ــ «ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ... ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ...» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ مەسىلەن، بىر قاچىدا ئۆي خوجايىنى شاراب ئىچىدۇ، باشقا بىر قاچىغا بالىنىڭ تەرەتلىرى ئېلىنىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئۆز ئىشلىتىش ئورنى بار، بىراق بۇلارنىڭ بىرى «ئېسىل» بىرى «ئادەتتىكى» دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 9:21 \xt 2تىم. 2‏:20. \x* \v 22 خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ \f □ \fr 9:22 \ft \+bd «ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»»\+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە تەييارلىغان «قاچىلار»».\f* \v 23‏-24 ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟\f □ \fr 9:23‏-24 \ft \+bd «خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟»\+bd* ــ (22-24-ئايەت) ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلسا بىلىدۇكى، پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ مۇھىم سوئالىغا جاۋاب بەرمەيدۇ. سوئالنىڭ ئومۇمىي شەكلى: «خۇدا شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا ئەمدى بىزنىڭ قانداقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىش ھوقۇقىمىز بار؟» دېگەندەك. ئەينى ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭكىدۇر. بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى شۇكى، گۇناھىمىزدىن قۇتۇلۇشنى خالىساقلا، خۇدا ئۆزى مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ئارقىلىق تەييارلىغان توۋا قىلىش ئېتىقادلىق يولىنى ئالدىمىزغا ئوچۇق قىلدى.\f* \m \v 25 بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ \m «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، \m ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»؛\f □ \fr 9:25 \ft \+bd «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»\+bd* ــ «ھوش.» 23:2.\f*  \x + \xo 9:25 \xt ھوش. 2‏:25 \x* \m \v 26 ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، \m كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ».\f □ \fr 9:26 \ft \+bd «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ»\+bd* ــ «ھوش.» 10:1.\f*  \x + \xo 9:26 \xt ھوش. 2‏:1؛ 1پېت. 2‏:10. \x* \m \v 27 يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ \m «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ \x + \xo 9:27 \xt يەش. 10‏:22. \x* \v 28 چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ».\f □ \fr 9:28 \ft \+bd «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ»\+bd* ــ (27-28-ئايەت) «يەش.» 22:10-23. بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلاردا يەشايانىڭ بېشارىتى سەل قىسقىراق: «پەرۋەردىگار بۇ يەر يۈزى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ» دەپ نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 9:28 \xt يەش. 10‏:22، 23. \x* \m \v 29 يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك \add يوقالغان\add* بولاتتۇق».\f □ \fr 9:29 \ft \+bd «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك يوقالغان بولاتتۇق»\+bd* ــ «يەش.» 9:1. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۈستىگە ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرۇپ يوقاتقان («يار.» 19-باب).\f*  \x + \xo 9:29 \xt يار. 19‏:24؛ يەش. 1‏:9؛ 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ئ‍ەز. 16‏:46. \x* \b \m \s1 ئىسرائىللارنىڭ پۇتلىشىپ كېتىشى \m \v 30 ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى. \f □ \fr 9:30 \ft \+bd «ئەللىكلەر»\+bd* ــ يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر».\f* \v 31 لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى.\x + \xo 9:31 \xt رىم. 10‏:2؛ 11‏:7. \x* \m \v 32 نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ \add ھەققانىيلىققا\add* ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛ \f □ \fr 9:32 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىققا ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى»\+bd* ــ «ساۋابلىق ئىشلار»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ مەكتۇپتىن ھازىر ئايان بولىدۇكى، خۇدا ئالدىدا بىزگە ھېچ ئىش «ساۋاب» ھېسابلانمايدۇ؛ ھەققانىيلىق پەقەت ئۇ ئەۋەتكەن مەسىھكە باغلىغان ئېتىقاتتىن كېلىدۇ. شۇڭا «ساۋابلىق ئىشلار» («خۇدا بۇ ئىشلار ئارقىلىق ماڭا ساۋاب قوشۇپ بېرىدۇ» دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن بولساق) خۇدا ئالدىدا قەتئىي مەۋجۇت ئەمەستۇر.\f* \v 33 خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* يېزىلغىنىدەك: \m «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، \m ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، \m ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس».\f □ \fr 9:33 \ft \+bd «ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم»\+bd* ــ «زىئون» دېگەن، يېرۇسالېمنىڭ ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر شېئىرىي نامى. \+bd «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس»\+bd* ــ تولۇق بېشارەت «يەش.» 14:8، 16:28دە تېپىلىدۇ. ئوقۇرمەن بۇ ئايەتلەرنى ئۆزى ئوقۇسا ئۇنىڭدىن بۇ تاشنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلار ھەققانىيلىققا ئېرىشمەي يىقىلىدۇ؛ ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي قىلىنىپ تىك تۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 9:33 \xt زەب. 2‏:12؛ 118‏:22؛ پەند. 16‏:20؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ يەر. 17‏:7؛ مات. 21‏:42؛ 1پېت. 2‏:6. \x* \b \b \m \c 10 \m \v 1 قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر. \v 2 چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس»\+bd* ــ «ھەقىقىي بىلىمگە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس»: يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ دىنىي مەزھەپىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش تەۋرات قانۇنى ئۈستىدىكى «بىلىم» ۋە «بىلىم ئاشۇرۇش» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلارغا بەك ئېغىر كېلىشى مۇمكىن ئىدى.\f*  \x + \xo 10:2 \xt روس. 22‏:3؛ رىم. 9‏:31؛ گال. 4‏:17. \x* \v 3 چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. \v 4 چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نىشان-مەقسەت» دېگەننىڭ «خاتىمە» دېگەن يەنە بىر مەنىسىمۇ بار. دېمەك، ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىدا بولغان مەقسىتى ئىنسانغا ئۆز گۇناھىنى تونۇتۇپ، مەسىھنىڭ قۇتقۇزۇشىغا موھتاج بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى؛ شۇڭا خۇدا قانۇننى بەرگەن ۋاقتىدا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆزلىگەنىدى؛ (2) مەسىھ ئۆزى تەۋرات قانۇنىنى مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشۇردى، جۈملىدىن تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بېشارەت بەرگەن گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىقنى قىلدى؛ (3) مەسىھ تەۋرات قانۇنىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېچ تەلىپى قالمىدى (4:7نى كۆرۈڭ). مەزكۇر ئايەت بۇ مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 10:4 \xt مات. 5‏:17؛ روس. 13‏:38؛ 2كور. 3‏:13؛ گال. 3‏:24. \x* \m \v 5 چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ».\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ»\+bd* ــ «لاۋ.» 5:18 ۋە يەنە «قان.» 1:4، 24:6.\f*  \x + \xo 10:5 \xt لاۋ. 18‏:5؛ ئ‍ەز. 20‏:11؛ گال. 3‏:12. \x* \m \v 6 لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟»)\x + \xo 10:6 \xt قان. 30‏:12. \x* \v 7 ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن».\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن»\+bd* ــ (6-7-ئايەت) نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىككى ئايەت: ــ «قان.» 12:30-13. \fp بۇ سىرلىق گەپلەرنىڭ ئاجايىب مەنىلىرى بەلكىم مۇنداق: \fp (1) «كىممۇ ئاسمانغا چىقار؟» ــ «كىممۇ خۇدانىڭ ئاسمان پەلەكتەك يۇقىرى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىقىغا يېتەلىسۇن؟» دېگەنلىكتۇر. لېكىن ئەگەر بىرسى: «ھەققانىيلىقىم مۇكەممەل، «ئاسمانغا چىققاندەكمەن»» دېگەن بولسا، بۇ دېگىنى «مەن مەسىھكە ئوخشاش ھەققانىي» دېگەنگە باراۋەر بولۇپ، خۇدانىڭ مەسىھتە كۆرسەتكەن مۇكەممەل ھەققانىيلىقىغا ئاھانەت قىلغان بولىدۇ. بۇنداق دېيىشى بەرىبىر مەسىھنى ئۆزىنىڭ پەسكەش «ھەققانىيلىقى»نىڭ دەرجىسىگە چۈشۈرۈپ، «مەسىھنى ئاسماندىن چۈشۈرمەكچى» بولغىنى. \fp (2) «كىممۇ ھاڭنىڭ تېگىگە چۈشەر؟» دېيىشى، بىر كىشى ئۆز گۇناھىنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەكچى بولۇپ دوزاختا بىر مەزگىل تۇرسام ئاندىن گۇناھىمدىن خالاس بولىمەن» دېمەكچى بولغىنى؛ بۇ، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدە گۇناھىمىز ئۈچۈن جازا تارتىپ بەدەل تۆلىشىنىڭ ماڭا (شۇنداقلا ھېچكىمگە) كېرىكى يوق؛ مۇشۇنداق دېگەن كىشى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار» دېگەن بولىدۇ، يەنى «مەسىھنى ئۆلۈم يولىدىن قايتۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭ ئۆلۈشى كېرەكسىز، ئەخمىقانە ئىشتۇر» دېگۈچى بولىدۇ. \fp يىغىپ ئېيتقاندا، ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ خۇدانىڭ مۇكەممەل ھەققانىيلىقىغا يېتەلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆزى بەدەل تولىيەلمەيدۇ.\f*  \x + \xo 10:7 \xt قان. 30‏:13\x* \m \v 8 ئەمدى شۇ \add ھەققانىيلىق\add* نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!»\+bd* ــ «قان.» 14:30.\f*  \x + \xo 10:8 \xt قان. 30‏:12-14. \x* \v 9 دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»! \v 10 چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ. \v 11 مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». \f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس»\+bd* ــ «يەش.» 16:28.\f*  \x + \xo 10:11 \xt يەش. 28‏:16؛ رىم. 9‏:33. \x* \v 12 چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. \f □ \fr 10:12 \ft \+bd «چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق»\+bd* ــ دېمەك، «بۇ جەھەتتە (مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشىشتە) يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق».\f*  \x + \xo 10:12 \xt روس. 15‏:9؛ رىم. 3‏:22. \x* \v 13 چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ».\f □ \fr 10:13 \ft \+bd «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ»\+bd* ــ «يو.» 32:2.\f*  \x + \xo 10:13 \xt يو. 2‏:32؛ روس. 2‏:21. \x* \m \v 14 لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ \v 15 شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!».\f □ \fr 10:15 \ft \+bd «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!»\+bd* ــ «يەش.» 7:52، «ناھ.» 15:1. مەنىسى بەلكىم «خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنلەر كەلگەندەك ۋاقتىدا كەلگەن!» دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \fp بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلاردا «بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى...» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 10:15 \xt يەش. 52‏:7؛ ناھ. 2‏:1. \x* \m \v 16 بىراق، خۇددى يەشايا \add پەيغەمبەرنىڭ\add* «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس. \f □ \fr 10:16 \ft \+bd «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟»\+bd* ــ «يەش.» 1:53.\f*  \x + \xo 10:16 \xt يەش. 53‏:1؛ يـۇھ. 12‏:38. \x* \v 17 شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.\f □ \fr 10:17 \ft \+bd «...ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلار: «... ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر خۇدانىڭ سۆزىدە ئاڭلىتىلىدۇ» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 18 لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، \m سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى».\f □ \fr 10:18 \ft \+bd «لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى...»\+bd* ــ بەزى ئالىملار مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار»نى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن كېيىنكى ئايەت ئالاھىدە ئىسرائىللارنىڭ «ئاڭلىشى» توغرۇلۇق بولغاچقا، «ئۇلار»نى دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەر، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ كۆرسەتسە كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ ئايەتنى شۇنداق چۈشىنىمىزكى، «ھەممە ئادەم ئاڭلىغان؛ شۇڭا، يەھۇدىي خەلقىمۇ چوقۇم ئاڭلىغان». \+bd «ۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى»\+bd* ــ «زەب.» 4:19. زەبۇردىكى بۇ سۆزلەر ئەسلى ئاسماندىكى نۇرلۇق جىسىملار خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بارلىق ئالەمگە ئىپادىلىگەنلىكى توغرۇلۇق ئىدى. روسۇل پاۋلۇس بۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىنجىلدىكى خۇش خەۋەر دۇنيادىكى ھەر يەرلەرگە يورۇتۇلۇپ تارقىتىلماقتا، دېمەكچى.\f*  \x + \xo 10:18 \xt زەب. 19‏:4\x* \m \v 19 يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار \add شۇ خەۋەردىن\add* ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا \add ئىسرائىلغا\add* مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ \m ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، \m نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن».\f □ \fr 10:19 \ft \+bd ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن»\+bd* ــ «قان.» 21:32. دېمەك، باشقا ئەللەر ئاڭلىغان، قوبۇل قىلغان يەردە، ئىسرائىل چوقۇم چۈشەنگەن. ئىسرائىللار ئەسلى «نادان، بىلىمسىز، خۇداسىز» دەپ ھېسابلىغان يەھۇدىي بولمىغان ھەرقايسى يات مىللەتتىن بولغان ئىشەنگۈچى كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەچكە «خۇدانىڭ يېڭى خەلقى» بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەختىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارغا غەزەپلىنىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ «ھېچ خەلق ئەمەس» دېگەن سۆزى كەلگۈسى زاماندا ھاسىل قىلىنىدىغان مەسىھنىڭ جامائىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەرقايسى مىللەتلەردىن كەلگەچكە، بىرىنچىدىن ئۇلار «بىر خەلق» ياكى «بىر ئەل» بولالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەھۇدىيلار كۆپ بولمايدۇ. ئۇلار ھەرخىل كىشىلەردىن تەركىب تاپقاچقا، يەھۇدىيلار ئۇلارنى «بىر خەلق» ياكى «بىر ئەل» ھېسابلىمايدۇ ھەم «ھېچ خەلق ئەمەسلەر» دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 10:19 \xt قان. 32‏:21. \x* \m \v 20 كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ \m «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، \m مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ دېدى.\f □ \fr 10:20 \ft \+bd «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم»\+bd* ــ «يەش.» 1:65\f*  \x + \xo 10:20 \xt يەش. 65‏:1. \x* \m \v 21 لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ \m «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 10:21 \ft \+bd «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!»\+bd* ــ «يەش.»، 2:65.\f*  \x + \xo 10:21 \xt يەش. 65‏:2. \x* \b \b \m \c 11 \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق مەقسىتىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى \m \v 1 ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! \x + \xo 11:1 \xt يەر. 31‏:37؛ 2كور. 11‏:22؛ فىل. 3‏:5. \x* \m \v 2 خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس \add پەيغەمبەر\add* ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ \f □ \fr 11:2 \ft \+bd «خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق»\+bd* ــ «خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن (بىلگەن) خەلقى» ــ بەلكىم: «خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز خەلقى بولۇش ئۈچۈن تاللىغان خەلق» دېگەن مەنىدە.\f* \v 3 «ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن.\x + \xo 11:3 \xt 1پاد. 19‏:10،14. \x* \v 4 خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن.\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم»\+bd* ــ «1پاد.» 10:19، 14. \fp \fp «بائال» بىر بۇت ئىدى. «7000 ئادەم»، ئەر كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:4 \xt 1پاد. 19‏:18. \x* \m \v 5 خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن \add ئىسرائىلدىن\add* ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار.\x + \xo 11:5 \xt رىم. 9‏:27. \x* \v 6 \add ئۇلارنىڭ تاللىنىشى\add* شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن ئىسرائىلدىن ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. ئۇلارنىڭ تاللىنىشى شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى»\+bd* ــ (5-6-5ئايەت) خۇدا تەۋراتتىكى بىرنەچچە يەرلەردە «سەن ئىسرائىلنى شاپائىتىم بىلەن تاللىغانمەن» دېگەنىدى (مەسىلەن، «قان.» 7:7نى كۆرۈڭ). مۇشۇ يەردە روسۇل پاۋلۇس: خۇدا شاپائىتى بويىچە ئىسرائىللار ئىچىدىن «بىر قالدى»نى تاللىغان، دەيدۇ. ئىنسان خۇدانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە پۈتۈنلەي لاياقەتسىز تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن مەدەتكە ئېرىشسە، مانا بۇ «خۇدانىڭ شاپائىتى» بولىدۇ. خۇدا ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر ياخشى ياكى ئۇلۇغ ئەمىلىگە قاراپ تاللىغان بولسا، ئۇنداقتا خۇدانىڭ تاللىشى «شاپائەت»تىن بولمىغان بولاتتى.\f*  \x + \xo 11:6 \xt قان. 9‏:4. \x* \m \v 7 نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى»\+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىللار ئىزدىگەن ھەققانىيلىققا ھەممىسىلا ئېرىشەلمىگەن ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خۇدانىڭ شاپائەتى بىلەن خۇدا تاللىغان «قالدى»لار ھەققانىيلىققا ئېرىشكەن.\f*  \x + \xo 11:7 \xt رىم. 9‏:31. \x* \v 8 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ \m «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، \m بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، \m قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى».\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى»\+bd* ــ «قان.» 4:29 ھەم «يەش.» 10:29.\f*  \x + \xo 11:8 \xt قان. 29‏:2؛ يەش. 6‏:9؛ 29‏:10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26. \x* \m \v 9 شۇنىڭدەك داۋۇت \add پەيغەمبەرمۇ\add* مۇنداق دېگەن: \m «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، \m ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن!\x + \xo 11:9 \xt زەب. 69‏:22\x* \m \v 10 كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ \m بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!»\f □ \fr 11:10 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن! كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!»\+bd* ــ (9-10-ئايەت) «زەب.» 22:69-23. بۇ، داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ شۇنداقلا خۇدانىڭ سۆزى، داۋۇتنىڭ (ۋە شۇنداقلا مەسىھنىڭ) دۈشمەنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىلغان. بۇ 69-كۈينىڭ ھەممىسى مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتتۇر.\f*  \x + \xo 11:10 \xt زەب. 69‏:22-23\x* \b \m \v 11 ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: \add ئىسرائىللار\add* يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟ \m ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر. \f □ \fr 11:11 \ft \+bd «... ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر»\+bd* ــ يۇقۇرىدا ئىزاھاتتا دېگىنىمىزدەك، ئىسرائىللار مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان «يات ئەللەر»نىڭ بەختىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلىدۇ.\f* \m \v 12 ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟!\f □ \fr 11:12 \ft \+bd «ئەمدى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا...»\+bd* ــ «ئەللەر» ــ يەھۇدىي ئەمەسلەر، «يات ئەللەر».\f* \b \m \s1 يەھۇدىي ئەمەسلار تەكەببۇرلاشماسلىقى كېرەك \m \v 13 ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، \f □ \fr 11:13 \ft \+bd «سىلەر ئەللىكلەرگە»\+bd* ــ دېمەك، «سىلەر يەھۇدىي ئەمەس بولغانلارغا». \+bd «مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، ...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا روسۇل پاۋلۇسنى (گەرچە ئۇ «يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىيسى» بولسىمۇ) يەھۇدىي ئەمەس بولغان ئەل-مىللەتلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەۋەتكەن.\f*  \x + \xo 11:13 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11. \x* \v 14 جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن. \f □ \fr 11:14 \ft \+bd «جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن»\+bd* ــ «جانجىگەرلىرىم بولغانلار» گرېك تىلىدا «مېنىڭ ئەتلىرىم بولغانلار» ــ ئۆزىنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 15 چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟ \m \v 16 ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. \f □ \fr 11:16 \ft \+bd «ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس»نىڭ بىرىنچى مەنىسى «خۇداغا ئاتالغان»، شۇنىڭ بىلەن «پاك» دېگەن مەنىدە. بىرىنچى جۈملىنىڭ كۆچمە مەنىسى بەلكىم «ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار خۇداغا ئاتالغان بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ خۇداغا ئاتالغان بولىدۇ» دېگەن بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى جۈملىلەردە پاۋلۇس ئىسرائىلنى بىر «زەيتۇن دەرىخى»كە ئوخشىتىدۇ («يەر.» 16:11-19نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:16 \xt چۆل. 15‏:20\x* \m \v 17 زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،. \f □ \fr 11:17 \ft \+bd «زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «زەيتۇن دەرىخى» ئىسرائىلغا، «ئۇلانغان ياۋا زەيتۇن كۈچىتى» مەسىھگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە، «زەيتۇن دەرىخىنىڭ سۇندۇرۇۋېتىلگەن شاخلىرى» بولسا ئىسرائىللار ئارىسىدىن مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغاچقا، خۇدانىڭ بەخت-بەرىكەتلىرىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان يەھۇدىيلارغا ۋەكىل بولىدۇ. \+bd «مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،»\+bd* ــ بۇنىڭ كۆچمە مەنىسى بەلكىم: «سەن خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شېخىدەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسەن» دېگەنلىك بولسا كېرەك.\f* \v 18 ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. \m \v 19 سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. \m \v 20 توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە \add خۇدادىن\add* قورق! \v 21 چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن»\+bd* ــ «بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرى» يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 22 مانا، \add بۇ ئىشلاردا\add* خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن. \v 23 \add يەھۇدىيلارمۇ\add* ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. \x + \xo 11:23 \xt 2كور. 3‏:16. \x* \v 24 چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا \add باغدىكى\add* ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟! \b \m \s1 خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى پۈتكۈل ئىنسان ئۈچۈندۇر \m \v 25 قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا \add خۇدا تاللىغان\add* يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛ \f □ \fr 11:25 \ft \+bd «ئۆزۈڭلارنى... ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ: «بىز قۇتۇلدۇق، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتى ئاستىدا قالىدۇ» دەپ تەكەببۇرلىشىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 11:25 \xt لۇقا 21‏:24. \x* \v 26 ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ \m «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، \m ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ.\f □ \fr 11:26 \ft \+bd «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، *ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ»\+bd* ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. بېشارەت «يەش.» 20:59، 21نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:26 \xt زەب. 14‏:7؛ يەش. 27‏:9؛ 59‏:20؛ يەر. 31‏:31، 32، 33، 34؛ 2كور. 3‏:16؛ ئىبر. 8‏:8؛ 10‏:16. \x* \m \v 27 مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، \m مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ».\f □ \fr 11:27 \ft \+bd «...مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ»\+bd* ــ 26-27-ئايەتتىكى بېشارەت سۆزلىرى «يەش.» 20:59، 21، 9:27تىن ۋە «يەر.» 33:31-34تىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.\f*  \x + \xo 11:27 \xt يەش. 59‏:20، 21؛ دان. 9‏:24\x* \m \v 28 ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى \add خۇش خەۋەرگە\add* دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر. \v 29 چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. \m \v 30 سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، \add يەھۇدىيلارنىڭ\add* ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار. \v 31 يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ \add خۇدانىڭ\add* بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. \f □ \fr 11:31 \ft \+bd «يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ خۇدانىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر»\+bd* ــ دېمەك، يۇقىرىدا ئىزاھلىغىنىمىزدەك، يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ بەختىگە قارىغاچقا، ئۆزلىرى توۋا قىلىپ مەسىھنى قوبۇل قىلسۇن.\f* \v 32 چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. \f □ \fr 11:32 \ft \+bd «چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى»\+bd* ــ «ھەممەيلەن» يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:32 \xt گال. 3‏:22. \x* \m \v 33 ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! \m ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! \m ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر! \m \v 34 «كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ \m كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟»\f □ \fr 11:34 \ft \+bd «كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟»\+bd* ــ «يەش.» 13:40.\f*  \x + \xo 11:34 \xt يەش. 40‏:13؛ 1كور. 2‏:16. \x* \m \v 35 «ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، \m كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟».\f □ \fr 11:35 \ft \+bd «ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟»\+bd* ــ «ئايۇپ» 11:41.\f*  \x + \xo 11:35 \xt ئايۇپ 41‏:3. \x* \m \v 36 چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، \m ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، \m ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. \m \add بارلىق\add* شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن.\x + \xo 11:36 \xt پەند. 16‏:4؛ 1كور. 8‏:6. \x* \b \b \m \c 12 \s1 ئېتىقادچىنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىشى \m \v 1 شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ \add خۇداغا\add* قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر»\+bd* ــ «ھەقىقىي ئىبادىتىڭلار» گرېك تىلىدا يەنە «يوللۇق، ئورۇنلۇق، تېگىشلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق خىزمەت» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 12:1 \xt رىم. 6‏:13،16؛ 1پېت. 2‏:5. \x* \v 2 بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.\f □ \fr 12:2 \ft \+bd «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش شەكلى: ــ «بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار». ئەينى سۆزلەر «بۇ دۇنيادىكى قېلىپقا شەكىللەندۈرۈلمەڭلار».\f*  \x + \xo 12:2 \xt ئ‍ەف. 5‏:17؛ 1تېس. 4‏:3؛ 1يۇھ. 2‏:15. \x* \m \v 3 ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.\x + \xo 12:3 \xt رىم. 1‏:5؛ 1كور. 12‏:11؛ ئ‍ەف. 4‏:7. \x* \v 4 چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك،\x + \xo 12:4 \xt 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 4‏:16؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. \x* \v 5 بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز.\x + \xo 12:5 \xt 1كور. 12‏:4؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10. \x* \m \v 6 شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛\x + \xo 12:6 \xt 1كور. 12‏:4. \x* \v 7 باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛\x + \xo 12:7 \xt 1كور. 12‏:10؛ 1پېت. 4‏:10، 11. \x* \v 8 رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.\x + \xo 12:8 \xt قان. 15‏:7؛ مات. 6‏:1، 2، 3؛ 2كور. 9‏:7. \x* \m \v 9 مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛ \v 10 بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار.\f □ \fr 12:10 \ft \+bd «بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ: «بىر-بىرىڭلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشتە بىرىنچى بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا بەس-بەستە ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار» دېگەن باشقا بىر مەنىسى بار. روسۇل بەلكىم قەستەن ئىككى مەنىسىنى تەڭ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 12:10 \xt ئ‍ەف. 4‏:2؛ فىل. 2‏:3؛ 1پېت. 5‏:5؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 1‏:22؛ 2‏:17. \x* \m \v 11 ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار.\f □ \fr 12:11 \ft \+bd «روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ،...»\+bd* ــ «مۇقەددەس روھتا، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق قىزغىن بولۇپ...» ياكى «ئۆز روھىڭدا قىزغىن بولۇپ...» دېگەن مەنىلەرنىڭ قايسىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئەمەلىيەتتە نىجاتتا مۇقەددەس روھ ئىشەنگۈچىنىڭ روھى بىلەن بىر بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئىشلەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى مەنە ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق.\f* \m \v 12 ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. \x + \xo 12:12 \xt لۇقا 18‏:1؛ رىم. 15‏:13؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:16،17؛ ئىبر. 10‏:36؛ 12‏:1؛ ياق. 5‏:7.\x* \v 13 مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ \x + \xo 12:13 \xt 1كور. 16‏:1؛ ئىبر. 13‏:2؛ 1پېت. 4‏:9. \x* \v 14 سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. \x + \xo 12:14 \xt مات. 5‏:44؛ 1كور. 4‏:12. \x* \m \v 15 شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار. \m \v 16 بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. \x + \xo 12:16 \xt پەند. 3‏:7؛ يەش. 5‏:21؛ رىم. 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. \x* \v 17 ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار.\f □ \fr 12:17 \ft \+bd «بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار».\f*  \x + \xo 12:17 \xt پەند. 20‏:22؛ مات. 5‏:39؛ 1كور. 6‏:7؛ 2كور. 8‏:21؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 2‏:12. \x* \m \v 18 ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ \x + \xo 12:18 \xt مار. 9‏:50؛ ئىبر. 12‏:14. \x* \v 19 ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، \add يامانلىق\add* مەن قايتۇرىمەن». \f □ \fr 12:19 \ft \+bd «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىق مەن قايتۇرىمەن»\+bd* ــ «قان.»، 35:32.\f*  \x + \xo 12:19 \xt قان. 32‏:35؛ مات. 5‏:39؛ لۇقا 6‏:29؛ ئىبر. 10‏:30. \x* \v 20 شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن». \f □ \fr 12:20 \ft \+bd «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن»\+bd* ــ («پەند.» 21:25-22). «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» دېگەن مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر.\f*  \x + \xo 12:20 \xt پەند. 25‏:21-22؛ مات. 5‏:44. \x* \v 21 يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. \b \b \m \c 13 \s1 ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز \m \v 1 ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر.\x + \xo 13:1 \xt پەند. 8‏:15؛ دان. 4‏:29؛ تىت. 3‏:1؛ 1پېت. 2‏:13. \x* \v 2 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ\f □ \fr 13:2 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ»\+bd* ــ بۇنداق جازا خۇدا تەرىپىدىن ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى روسۇل دېمەيدۇ، بىراق مۇشۇ يەردە بەلكىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 3 (چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن. \v 4 چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! \add ھۆكۈمران\add* قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. \m \v 5 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. \v 6 مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ باج تاپشۇرۇڭلار؛ ھۆكۈمرانلار بولسا، خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا بېكىتكەن خىزمەتكارلىرىدۇر. \m \v 7 ھەركىمگە ئۆز تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار؛ غەللە-پاراق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىلارغا باجنى تاپشۇرۇڭلار؛ ئېھتىرامغا تېگىشلىك بولغانلارغا ئېھتىرام قىلىڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى ھۆرمەت قىلىڭلار. \b \m \s1 باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز \m \v 8 بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.\x + \xo 13:8 \xt گال. 5‏:14؛ 1تىم. 1‏:5. \x* \v 9 چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. \x + \xo 13:9 \xt مىس. 20‏:13-17؛ لاۋ. 19‏:18؛ قان. 5‏:17-19؛ مات. 19‏:18؛ 22‏:39؛ مار. 12‏:31؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8. \x* \v 10 مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن \add كىشى\add* ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. \m \v 11 ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. \x + \xo 13:11 \xt ئ‍ەف. 5‏:14؛ 1تېس. 5‏:6. \x* \v 12 كېچە ئۆتۈشكە ئاز قالدى، كۈندۈز يېقىنلاشتى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كىيەيلى. \x + \xo 13:12 \xt كول. 3‏:8؛ 1تېس. 5‏:5. \x* \v 13 كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛ \x + \xo 13:13 \xt لۇقا 21‏:34؛ 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ فىل. 4‏:8؛ 1تېس. 4‏:12؛ 5‏:6؛ ياق. 3‏:14. \x* \v 14 ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار.\x + \xo 13:14 \xt گال. 3‏:27؛ 1پېت. 2‏:11. \x* \b \b \m \c 14 \s1 قېرىنداشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار \m \v 1 ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. \f □ \fr 14:1 \ft \+bd «ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار»\+bd* ــ ئەينى زاماندا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار يەھۇدىيلاردىن ھەم ھەرخىل غەيرىي دىنغا ئەگەشكەنلەردىن چىققان يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىدا ئەسلىدە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكلىك جەھەتتە كۈچلۈك قائىدىلەر بار ئىدى. لېكىن، خۇش خەۋەر بىلەن يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەر بويىچە، خۇدا دۇنيادىكى بارلىق ئوزۇقلۇق نەرسىلەرنى ياراتقاندىن كېيىن، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى يېيىشكە بولىدۇ (مەسىلەن، «مار.» 18:7-23نى كۆرۈڭ). بىراق بىر قىسىم ئېتىقادچىلار بۇ يېڭى ئەركىنلىكنى تولۇق چۈشەنمىگەن ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن بولسا، كونا ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى داۋام قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنى «ئېتىقادى ئاجىزلار» دەپ ئاتىدى. قىزىق بىر يېرى شۇكى، «ئېتىقادى ئاجىز» ئادەمنىڭ بەزى ئىنتايىن كۈچلۈك پىكىرلىرى بولۇشى مۇمكىن!\f* \m \v 2 بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ.\x + \xo 14:2 \xt پەند. 15‏:7 \x* \v 3 ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى يېمەيدىغان كىشىنى كەمسىتمىسۇن؛ ھەمدە \add بەزى نەرسىنى\add* يېمەيدىغان كىشى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇنى قوبۇل قىلغان. \v 4 باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە \add شۇ خىزمەتكارمۇ\add* تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى \add خۇجايىنى\add* رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر.\x + \xo 14:4 \xt ياق. 4‏:12. \x* \m \v 5 مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن.\f □ \fr 14:5 \ft \+bd «مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن»\+bd* ــ ئېتىقادچىلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلار يەنىلا تەۋراتتا بەلگىلەنگەن، يەھۇدىيلار ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ھېيت-بايراملارنى تۇتۇشقا، بولۇپمۇ «شابات كۈنى» (دەم ئېلىش كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى)نى تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا بۇلارنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەيتتى.\f*  \x + \xo 14:5 \xt گال. 4‏:10؛ كول. 2‏:16. \x* \v 6 مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ.\x + \xo 14:6 \xt 1كور. 10‏:31؛ 1تىم. 4‏:3. \x* \v 7 چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز؛\x + \xo 14:7 \xt 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 5‏:10؛ 1پېت. 4‏:2. \x* \v 8 بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. \v 9 چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر. \m \v 10 ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. \f □ \fr 14:10 \ft \+bd «چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ»\+bd* ــ «سوراق تەختى» ئادەتتە رىم ئىمپېرىيەسىدە ھەربىر شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىدا بولاتتى. يەرلىك ئەمەلدارلار مۇھىم ھۆكۈملەرنى ياكى ئېلانلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئولتۇراتتى. خۇدانىڭ «سوراق تەختى» ياكى «ھۆكۈم چىقىرىش تەختى» ئالدىدا بولىدىغان سوراق بەلكىم \+bd ئىشەنگۈچىلەرنىڭ\+bd* ئەمەللىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈنلا بولىدۇ («2كور.» 10:5نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 14:10 \xt مات. 25‏:31؛ 2كور. 5‏:10. \x* \v 11 چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* ئېيتىلغىنىدەك: ــ \m «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ \m ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، \m ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، \m بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ».\f □ \fr 14:11 \ft \+bd «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 23:45.\f*  \x + \xo 14:11 \xt يەش. 45‏:23؛ 49‏:18؛ فىل. 2‏:10. \x* \m \v 12 شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز.\x + \xo 14:12 \xt زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. \x* \b \m \s1 ئاجىز قېرىندىشىڭلارنى خۇدا يولىدىن چەتنىتىپ قويماڭلار \m \v 13 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك. \x + \xo 14:13 \xt 1كور. 10‏:32؛ 2كور. 6‏:3. \x* \v 14 رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر. \x + \xo 14:14 \xt مات. 15‏:11؛ روس. 10‏:15؛ 1كور. 8‏:4؛ 1تىم. 4‏:4. \x* \v 15 ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ \add قېرىندىشىڭنى\add* يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما!\x + \xo 14:15 \xt 1كور. 8‏:11. \x* \m \v 16 ئەمدى سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ يامان دېيىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار. \v 17 چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر. \x + \xo 14:17 \xt 1كور. 8‏:8. \x* \v 18 بۇلاردا ياشاپ مەسىھكە خىزمەت قىلغۇچى كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. \m \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. \f □ \fr 14:19 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى»\+bd* ــ «بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان» ئەينى تېكىستە «بىر-بىرىمىزنى قۇرۇپ چىقىدىغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مۇھىم ئىبارىنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 20 يېمەكلىكنى دەپ خۇدانىڭ ئەجرىنى نابۇت قىلماڭلار. ھەممە نەرسە دەرۋەقە ھالالدۇر؛ بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن \add ئېتىقادىدا\add* پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 14:20 \ft \+bd «بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن ئېتىقادىدا پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق بىرسى يېسە ۋە شۇڭلاشقا باشقىلارنى (ئىمان، ۋىجدان تەرىپىدە) پۇتلاشتۇرسا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا يامان بولىدۇ».\f*  \x + \xo 14:20 \xt تىت. 1‏:15. \x* \v 21 شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك. \f □ \fr 14:21 \ft \+bd «ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ سۆزلەر تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 14:21 \xt 1كور. 8‏:13. \x* \m \v 22 سېنىڭ \add مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا\add* ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! \v 23 لېكىن \add يېمەكلىكتىن\add* گۇمانلىنىپ تۇرۇپ يەنە شۇنى يېگەن كىشى ئەيىبكە بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى بۇنى ئىشەنچ بىلەن يېمىگەن. ئىشەنچتىن بولمىغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.\x + \xo 14:23 \xt تىت. 1‏:15. \x* \b \b \m \c 15 \s1 ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىمايلى \m \v 1 ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك.\x + \xo 15:1 \xt 1كور. 9‏:22؛ گال. 6‏:1 \x* \v 2 ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. \v 3 چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن \add خۇدانى\add* ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى».\f □ \fr 15:3 \ft \+bd «سەن خۇدانى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى»\+bd* ــ («زەب.» 9:69).\f*  \x + \xo 15:3 \xt زەب. 69‏:7-9؛ يەش. 53‏:4، 5. \x* \v 4 چۈنكى بۇرۇندا \add ۋەھىي بىلەن\add* پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر.\x + \xo 15:4 \xt رىم. 4‏:23، 24. \x* \m \v 5 ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛\x + \xo 15:5 \xt رىم. 12‏:16؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. \x* \v 6 بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر. \b \m \s1 بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار \m \v 7 شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار.\f □ \fr 15:7 \ft \+bd «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغاندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىپ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار». ئەمەلىيەتتە بۇ مەنىسىمۇ بىزنىڭ تەرجىمىمىزدىن چىقىدۇ.\f* \v 8‏-9 چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: ــ \m «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، \m ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ دەپ يېزىلغانىدى.\f □ \fr 15:8‏-9 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى» خۇدا ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ، مۇسا پەيغەمبەر ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزگەن ۋەدىلىرى دېگەنلىك. \+bd «شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن...»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن...»\+bd* ــ «ئەللەر» يەنە مۇشۇ يەردە يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن»\+bd* ــ («زەب.» 49:18). بۇ بېشارەتتە مەسىھ ئۆز روھى ئارقىلىق داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاغزىدىن سۆزلەيدۇ. پاۋلۇس بۇ مۇھىم گەپلىرى (8-9-ئايەتلەر) ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىشىنى دەۋەت قىلىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ ئەيسا ئۆزى يەھۇدىيلار («خەتنە قىلىنغانلار»)غا خىزمەتكار تەيىنلەندى ھەم شۇنىڭدەك يەھۇدىي ئەمەسلەر («يات ئەللەر»)نىڭ خۇدانى مەدھىيىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىدۇ؛ دېمەك، مەسىھ ئىككى تەرەپنىڭ خىزمىتىدە بولغاندىن كېيىن، نېمىشقا سىلەر يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر كىچىك پېئىللىق بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟\f*  \x + \xo 15:8‏-9 \xt 2سام. 22‏:50؛ زەب. 18‏:49-50. \x* \m \v 10 ۋە ئۇ يەنە: ــ \m «ئەي ئەللەر، \m \add خۇدا\add*نىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 15:10 \ft \+bd «ۋە ئۇ يەنە: ... دەيدۇ»\+bd* ــ بۇ ۋە كېيىنكى ئايەتتىكى «ئۇ» مەسىھدۇر. مۇشۇ ئايەتتىكى بېشارەتلەر ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 15-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «ئەي ئەللەر»\+bd* ــ «ئەللەر» يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!»\+bd* ــ «قان.» 43:32.\f*  \x + \xo 15:10 \xt قان. 32‏:43. \x* \m \v 11 ۋە يەنە ئۇ: ــ \m «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، \m ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 15:11 \ft \+bd «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!»\+bd* ــ («زەب.» 1:117) ــ بۇ ئايەت ۋە يۇقىرىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىككى ئايەتتە، مەسىھ (دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن بېشارەت بېرىپ، كەلگۈسىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئۆزى تاللىغان خەلقى بىللە خۇداغا ئىبادەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىللە بولۇشىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ.\f*  \x + \xo 15:11 \xt زەب. 117‏:1\x* \v 12 يەنە، يەشايا \add پەيغەمبەرمۇ\add* مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، \m ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ \m ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ».\f □ \fr 15:12 \ft \+bd «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ»\+bd* ــ («يەش.» 10:11) مەسىھ توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت. يەسسە بولسا، داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئەۋلادى مەسىھ، يەنى «ئۇنىڭ يىلتىزى»دۇر.\f*  \x + \xo 15:12 \xt يەش. 11‏:10؛ ۋەھ. 5‏:5؛ 22‏:16. \x* \m \v 13 ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.\f □ \fr 15:13 \ft \+bd «ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا...»\+bd* ــ ئەينى سۆز «ئۈمىدنىڭ خۇداسى...».\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ روسۇللۇق خىزمىتى توغرىسىدا \m \v 14 ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن. \v 15 شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن. \v 16 شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە \add يەھۇدىي ئەمەس\add* ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. \f □ \fr 15:16 \ft \+bd «بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ...»\+bd* ــ «ئەللەر»: يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ روسۇل پاۋلۇس ئۆزىنى كاھىنغا ئوخشىتىدۇ. خۇدانىڭ كونا زامانلاردىكى ئىبادەتخانىغا كاھىنلارنى تەمىنلەشتىكى مەقسىتى خەلقنىڭ توغرا يولدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا ئۇلار خەلقنىڭ ئۆز قۇربانلىقلىرىنى توغرا، خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق پېتىدە سۇنۇشىغا ياردەمچى ۋە خىزمەتكار ئىدى. پاۋلۇس ئۆزىنىڭ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خۇداغا ھەقىقىي، مەنىلىك، چىن دىللىق ئىبادەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر، دەيدۇ. خەقنىڭ بۇ ئىبادىتىنى پاك-مۇقەددەس قىلىش مۇقەددەس روھنىڭ ئىشى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبادەتمۇ پەقەت جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئىشەنگۈچىنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ (1:12-2).\f* \v 17 شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. \v 18‏-19 چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم. \v 20 شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم. \v 21 بۇ توغرىسىدا \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* ئېيتىلغىنىدەك: ــ \m «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، \m ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ».\f □ \fr 15:21 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 15:52.\f*  \x + \xo 15:21 \xt يەش. 52‏:15. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىش پىلانى \m \v 22 مانا، شۇ \add خىزمەتلىرىم\add* سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. \x + \xo 15:22 \xt رىم. 1‏:13؛ 1تېس. 2‏:18. \x* \v 23‏-24 لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا \add خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن\add* يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن.\x + \xo 15:23‏-24 \xt رىم. 1‏:10؛ 15‏:32؛ 1تېس. 3‏:10؛ 2تىم. 1‏:4. \x* \m \v 25 بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن. \x + \xo 15:25 \xt روس. 19‏:21؛ 24‏:17. \x* \v 26 چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى. \v 27 بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر \add يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ\add* روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.\f □ \fr 15:27 \ft \+bd «چۈنكى ئەللەر يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ»\+bd* ــ «ياردەم بېرىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ئادەتتە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.\f* \m \v 28 مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى \add يېرۇسالېمدىكى\add* قېرىنداشلارنىڭ \add جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ\add* بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن. \f □ \fr 15:28 \ft \+bd «يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلارنىڭ، جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «(يېرۇسالېمدىكى) قېرىنداشلارغا بۇ مېۋىسىنى يەتكۈزۈپ مۆھۈرلەندۈرگەندىن كېيىن،...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پاۋلۇس يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ بۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلىشىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلەتتى. چۈنكى ئۇنى قوبۇل قىلىشى سوۋغات بەرگەنلەرنى، يەنى يەھۇدىي ئەمەس ئىشەنگۈچىلەرنى «بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز» دەپ قوبۇل قىلىشىغا باراۋەر بولاتتى، شۇڭلاشقا بارلىق جامائەتلەرنىڭ بىرلىكى ۋە مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەپ ئالغا سۈرەتتى. خۇداغا تەشەككۈر، يەھۇدىي قېرىنداشلار ئۇنى قوبۇل قىلدى («روس.» 17:21).\f* \v 29 يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.\x + \xo 15:29 \xt رىم. 1‏:11. \x* \b \m \v 30 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە \add مۇقەددەس\add* روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ \f □ \fr 15:30 \ft \+bd «مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر»\+bd* ــ «كۈرەش قىلغايسىلەر» دېگەن سۆزلەر جىن-شەيتانلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمىتىگە دائىم قارشى چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا بۇ خىزمەت ئۈچۈن دۇئا قىلىش (بۇلارنىڭ قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىن) بىرخىل كۈرەش، تەس بىر ئىش بولىدۇ (مەسىلەن «كول.» 1:2، 11:4نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 15:30 \xt 2كور. 1‏:11. \x* \v 31 مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن \x + \xo 15:31 \xt 2تېـس. 3‏:2. \x* \v 32 ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر.\x + \xo 15:32 \xt رىم. 1‏:10؛ 15‏:23. \x* \m \v 33 ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! ئامىن!\f □ \fr 15:33 \ft \+bd «ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا»\+bd* ــ ئەسلىي تىلىدا «ئامانلىق-خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى».\f* \b \b \m \c 16 \s1 پاۋلۇسنىڭ ئاخىرقى سالاملىرى \m \v 1 كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ \v 2 ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان.\f □ \fr 16:2 \ft \+bd «ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر...»\+bd* ــ «رەبنىڭ مۇھەببىتىدە» ئەينى گرېك تىلىدا «رەبدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ ئىبارە توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنىڭ (يەنى فىبىنىڭ) ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا فىبى ئۆزى مەلۇم سەۋەبتىن رىمغا سەپەر قىلماقچى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنىڭ بۇ سالام خېتىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك سەپەر قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. خۇداغا ۋە فىبىگە قولىمىزدا ھازىر تۇرغان بۇ قىممەتلىك خەت ئۈچۈن رەھمەت!\f* \m \v 3 مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر\f □ \fr 16:3 \ft \+bd «مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر...»\+bd* ــ پرىسكا (پرىسكىلا) ۋە ئېرى ئاكۋىلا خۇش خەۋەرنىڭ كۆپ خىزمىتىنى قىلغان («روس.» 2:18، 26، «1كور.» 19:16، «2تىم» 19:4نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 16:3 \xt روس. 18‏:2،26. \x* \v 4 (ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر).\f □ \fr 16:4 \ft \+bd «... ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر»\+bd* ــ «ئەللەر»: يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 5 ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. \m ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. \v 6 سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 7 مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر.\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنيا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «قېرىنداشلىرىم» يەنە «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار روسۇللارنىڭ قارىشىدا بەك ئابرۇيلۇق كىشىلەر».\f* \m \v 8 رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 9 بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 10 سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 11 يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 12 رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك \add سىڭلىم\add* پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 13 رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 14 ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. \m \v 15 فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.\f □ \fr 16:15 \ft \+bd «فىلولوگۇس ۋە يۇليا»\+bd* ــ بەلكىم ئەر-ئايال.\f* \m \v 16 بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام!\x + \xo 16:16 \xt 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1تېس. 5‏:26؛ 1پېت. 5‏:14. \x* \b \m \s1 ئاخىرقى نەسىھەت \m \v 17 قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. \x + \xo 16:17 \xt مات. 18‏:17؛ كول. 2‏:8؛ 2تېـس. 3‏:6؛ 2تىم. 3‏:5؛ تىت. 3‏:10؛ 2يۇھ. 10. \x* \v 18 بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.\x + \xo 16:18 \xt ئ‍ەز. 13‏:18؛ فىل. 3‏:19. \x* \m \v 19 سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. \x + \xo 16:19 \xt مات. 10‏:16؛ 1كور. 14‏:20. \x* \v 20 ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. \m رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!\f □ \fr 16:20 \ft \+bd «ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا»\+bd* ــ ئەسلىي تىلىدا «ئامانلىق-خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى».\f* \b \m \v 21 خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. \x + \xo 16:21 \xt روس. 13‏:1؛ 16‏:1؛ 17‏:5؛ 20‏:4؛ فىل. 2‏:19؛ كول. 1‏:1؛ 1تېس. 3‏:2؛ 1تىم. 1‏:2. \x* \v 22 (ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن).\f □ \fr 16:22 \ft \+bd «ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن»\+bd* ــ روسۇل پاۋلۇسنىڭ كۆزى ئاجىز بولغاچقا، ئادەتتە ياردەمچىگە خەتلىرىنى يازدۇراتتى. تەرتىي ئۇنىڭ ئۈچۈن «رىملىقلارغا»نىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى (خاتىرىلىگۈچى) بولغانىدى.\f* \m \v 23 ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق.\x + \xo 16:23 \xt روس. 19‏:22؛ 2تىم. 4‏:20. \x* \m \v 24 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! \b \m \s1 دۇئا ۋە مەدھىيە \m \v 25 ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا \add شان-شەرەپ بولغاي\add*! \x + \xo 16:25 \xt ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9،20؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:10؛ تىت. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20. \x* \v 26 سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ \v 27 شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن!