\id REV \h ۋەھىي \toc1 ۋەھىي \toc2 ۋەھىي \toc3 ۋەھ. \mt1 ۋەھىي \c 1 \m \v 1 بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى، يەنى خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ قۇلى يۇھانناغا ئالامەتلەر بىلەن ئايان قىلدى.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى»\+bd* ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى» ھەم ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا ھەم ئۇنىڭدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. \+bd «خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر»\+bd* ــ خۇدانىڭ «قۇل-خىزمەتكارلىرى» ئىنجىلدا خۇدانىڭ «قۇللۇق»ىدا بولغانلار، يەنى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە چىن كۆڭلىدىن شۇنداق تاللىۋالغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 2 يۇھاننا بولسا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھەمدە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى گۇۋاھلىققا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. \v 3 بۇ بېشارەتنى ئوقۇپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئىتائەت قىلغۇچى بەختلىكتۇر! چۈنكى ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر»\+bd* ــ «ۋەھىينىڭ ۋاقتى» دېگەن، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى.\f*  \x + \xo 1:3 \xt ۋەھ. 22‏:7،10. \x* \b \m \s1 روسۇل يۇھاننانىڭ «كىچىك ئاسىيا»دىكى يەتتە جامائەتكە يوللىغان سالاملىرى ۋە خەتلىرى \m \v 4 مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا \add ئۆلكىسىدىكى\add* يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن... (مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي)»\+bd* ــ «يەتتە» دېگەن ساننىڭ كامالەتكە يەتكەن، مۇكەممەل دېگەن مەنىسى بولۇپ، بەزى ئالىملار بۇ «يەتتە روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يەتتە تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ (6:5نى ۋە «يەش.» 2:11نى كۆرۈڭ). باشقىلار ئۇلارنى يەتتە پەرىشتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر: «يەتتە تەرەپلىك روھ» ياكى «يەتتە تەرەپلىمىلىك روھ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:4 \xt مىس. 3‏:14؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 4‏:8؛ 11‏:17؛ 16‏:5. \x* \v 5 ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. \m ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «تۇنجى» ئادەتتە «بىرىنچى بولۇپ تۇغۇلغان»نى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى توغرۇلۇق «كول.» 16:1-17 ۋە 18-ئايەتتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان»\+bd* ــ ياكى «ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلغان».\f*  \x + \xo 1:5 \xt يەش. 55‏:4؛ روس. 20‏:28؛ 1كور. 15‏:20؛ كول. 1‏:18؛ ئىبر. 9‏:12،14؛ 1پېت. 1‏:19؛ 1يۇھ. 1‏:7؛ ۋەھ. 3‏:14؛ 5‏:9. \x* \v 6 ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! \f □ \fr 1:6 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت(لەر)»\+bd* ــ «مىس.» 6:19\f*  \x + \xo 1:6 \xt رىم. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:5، 9؛ ۋەھ. 5‏:10. \x* \m \v 7 مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن! \f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ»\+bd* ــ ياكى «يەنى ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ». \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «دان.» 13:7، «زەك.» 10:12\f*  \x + \xo 1:7 \xt دان. 7‏:13؛ زەك. 12‏:10؛ مات. 24‏:30؛ 25‏:31؛ يـۇھ. 19‏:37؛ روس. 1‏:11؛ 1تېـس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ يەھ. 14. \x* \m \v 8 مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»... دۇرمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر. دېمەك، خۇدا باش ۋە ئاخىردۇر. بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 1:8 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ ۋەھ. 21‏:6؛ 22‏:13. \x* \b \m \s1 تىرىلگەن مەسىھنىڭ يۇھانناغا كۆرۈنۈشى \m \v 9 سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھەم سىلەر بىلەن بىرگە ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار بولغان مەنكى يۇھاننا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن پاتموس دېگەن ئارالدا \add مەھبۇس\add* بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار»\+bd* ــ دېمەك، ئەيسا مەسىھدە بولغانلار چوقۇم ھەم ئۇنىڭ نامى ۋەجىدىن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىدىن كۈچ ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، ھەم ئۇنىڭدا بولغان پادىشاھلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. \+bd «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن»\+bd* ــ دېمەك «ئەيسا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق»؛ باشقا خىل مەنىسى «ئەيسا (ئۆزى) بەرگەن گۇۋاھلىق». \+bd «پاتموس دېگەن ئارالدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم»\+bd* ــ پاتموس رىملىقلارنىڭ دەھشەتلىك «ئەمگەك لاگىرى» بولغان تۈرمە ئىدى. يۇھاننا مەزكۇر كىتابنى يېزىۋاتقاندا پاتموس ئارىلىدىن ئازاد قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 10 «رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن، كەينىمدىن كاناي ئاۋازىدەك كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd ««رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن...»\+bd* ــ «رەبنىڭ كۈنى» ياكى «رەبلىك كۈن». ئالىملار بۇ توغرۇلۇق ئۈچ پىكىردە بولىدۇ: ــ (1) رەبنىڭ كۈنى يەكشەنبە كۈنى (رەب ئۆلۈمدىن تىرىلگەن كۈن)نى كۆرسىتىدۇ؛ (2) تەۋراتتا كۆپ تىلغا ئېلىنغان، قىيامەت كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخىرقى زامانلاردىكى ئاخىرقى دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇ كۆزقاراش بويىچە بولغاندا يۇھاننا روھتا كۆتۈرۈلۈپ كەلگۈسىدىكى زامانلارغا يۆتكىلىپ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرىدۇ؛ (3) شۇ ۋاقىتلاردا ھەر يىلنىڭ بىر كۈنىدە رىم ئىمپېراتورى (شۇ ۋاقىتتا دومىتىيان ئىدى) بارلىق پۇقرالىرىنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇپ: «قەيسەر رەبتۇر!» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خۇشبۇي سېلىشقا مەجبۇر قىلاتتى. شۇڭا شۇ كۈنى «رەبنىڭ كۈنى» دەپ ئاتالغان. بىزنىڭچە «رەبنىڭ كۈنى» دەل شۇ كۈننى كۆرسىتىدۇ؛ لېكىن كىنايىلىك هەم ھەجۋىيلىك ئىش شۇكى، رەب دەل شۇ كۈنىدە (2-كۆزقاراشتىكىدەك) ئۆزىنىڭ، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى ئايان قىلىشنى لايىق كۆردى. \+bd «مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن...»\+bd* ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:10 \xt ۋەھ. 4‏:2. \x* \v 11 بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت» دېدى. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «سمىرنا»\+bd* ــ ھازىرقى تۈركىيەدىكى «ئىزمىر». \+bd «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت»\+bd* ــ بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسى بىر دۈگىلەكتە بىر-بىرىگە يانداش جايلاشقانىدى. روسۇل يۇھاننا ياشانغاندا ئەفەسۇس شەھىرىدە ماكانلاشقانىدى. «قوشۇمە سۆز» ۋە خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \v 12 ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «مىس.» 31:25-40.\f* \v 13 ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلى»\+bd* ــ ياكى «كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنساننىڭ بىر ئوغلى». «دان.» 13:7نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:13 \xt ئ‍ەز. 1‏:26؛ دان. 7‏:13؛ ۋەھ. 14‏:14. \x* \v 14 ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. \x + \xo 1:14 \xt دان. 7‏:9؛ ۋەھ. 19‏:12. \x* \v 15 پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى. \x + \xo 1:15 \xt ۋەھ. 14‏:2. \x* \v 16 ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى. \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «دان.» 13:7.\f*  \x + \xo 1:16 \xt يەش. 49‏:2؛ ئ‍ەف. 6‏:17؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 2‏:16؛ 19‏:15. \x* \m \v 17 ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: \m ــ قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى \x + \xo 1:17 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 48‏:12. \x* \v 18 ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر! \x + \xo 1:18 \xt ئايۇپ 12‏:14؛ يەش. 22‏:22؛ رىم. 6‏:9؛ ۋەھ. 3‏:7؛ 20‏:1. \x* \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەن ئىشلارنى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە بۇلاردىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. \v 20 سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق ــ يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر.\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر»\+bd* ــ «ئەلچىلىرى» باشقا خىل تەرجىمىسى: «پەرىشتىلىرى». گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «پەرىشتە» ۋە «ئەلچى» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (پەرىشتىلەر خۇدانىڭ ئەلچىلىرى بولغاچ). بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە جامائەتلەر ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك، چۈنكى پەرىشتىلەرگە خەت يېزىش ھاجەتسىز ئىدى. يەتتە ئەلچى پاتموس ئارىلىغا بېرىپ يۇھاننادىن ھال سوراشقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 2 \s1 ئەفەسۇستىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 1 ــ ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: \m «ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: \m \v 2 ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى... بىلىمەن»\+bd* ــ بۇ تولۇق سۆز ئەلچىگە ئېيتىلغىنى بىلەن شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل جامائەتكە (بىر ئادەم سۈپىتىدە) ئېيتىلىدۇ.\f* \v 3 شۇنداق، سېنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭنى ئەمما ئېرىنمىگەنلىكىڭنى بىلىمەن. \v 4 لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ. \v 5 شۇڭا قايسى ھالەتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ توۋا قىلغىن، ئاۋۋالقى ئەمەللەرنى قايتا قىلغىن. بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «... بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن»\+bd* ــ ئەفەسۇستا ھازىر جامائەت بولمايلا قالماي، ھەتتا شەھەر ئۆزى خارابىلىك بولىدۇ.\f* \v 6 بىراق، سېنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن»\+bd* ــ «نىكولاس تەرەپدارلىرى»نىڭ كىم ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئۇلارنى «روس.»، 6:5-ئايەتتىكى «نىكولاس» ئىسىملىك جامائەت خىزمەتكارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بىزنىڭچە بۇنىڭغا ئېنىق ئىسپات تېپىلمىدى. ھېچبولمىغاندا ئۇلار ئېتىقادچىلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇققا ئازدۇرماقچى بولغانىدى (14-15-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:6 \xt ۋەھ. 2‏:15\x* \m \v 7 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن».\x + \xo 2:7 \xt يار. 2‏:9؛ ۋەھ. 22‏:2. \x* \b \m \s1 ئىزمىر ‘سمىرنى’دىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 8 ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ \m «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ:\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «ئىزمىر»\+bd* ــ كونا ئىسمى «سمىرنا»\f*  \x + \xo 2:8 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ ۋەھ. 1‏:17. \x* \m \v 9 ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «... يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن»\+bd* ــ ئىمپېراتور دومىتىيان ھۆكۈم سۈرگەن بەزى ۋاقىتلاردا بىرسى ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى كېرەك دېگەن بىر قانۇن كۈچكە ئىگە ئىدى؛ شۈبھىسىزكى، بەزى «ئېتىقادچىلار» ۋە باشقىلار بۇ قانۇندىن قالايمىقان پايدىلىنىپ زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، شۇنداقلا باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنىدى.\f* \m \v 10 ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن. \m \v 11 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».\x + \xo 2:11 \xt مات. 13‏:9. \x* \b \m \s1 پەرگامۇمدىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 12 ــ پەرگامۇمدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ \m «ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ:\x + \xo 2:12 \xt ۋەھ. 1‏:16؛ 2‏:16. \x* \m \v 13 ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ. \v 14 لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا ــ بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «چۆل.» 22-24-باب، 16:31.\f*  \x + \xo 2:14 \xt چۆل. 22‏:23؛ 24‏:14؛ 25‏:1؛ 31‏:16. \x* \v 15 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىنى تۇتقانلارمۇ بار. \x + \xo 2:15 \xt ۋەھ. 2‏:6\x* \v 16 شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن.\x + \xo 2:16 \xt يەش. 49‏:2؛ ئ‍ەف. 6‏:17؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16. \x* \m \v 17 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن»\+bd* ــ «ماننا» ـــ ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا يۈرگەن ۋاقتىدا خۇدا ئۇلارغا ئاسماندىن چۈشۈرگەن كۈندۈلۈك ئۇزۇقلۇق ئىدى («مىس.» 32:16-36-ئايەتلەرگە ۋە «يۇھ.» 48:6-58-ئايەتلەرگە قارالسۇن).\f*  \x + \xo 2:17 \xt مىس. 16‏:4-36. \x* \b \m \s1 تىياتىرادىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 18  ــ تىياتىرادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ \m «كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان خۇدانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:\x + \xo 2:18 \xt ۋەھ. 1‏:15،14. \x* \m \v 19 ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجىر-خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەللىرىڭنىڭ ئاۋۋالقىدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. \v 20 لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «1پاد.» 16-، -18-19، 21-باب.\f*  \x + \xo 2:20 \xt 1پاد. 16‏:31؛ 2پاد. 9‏:7. \x* \v 21 مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ. \v 22 ئەمدى مانا، مەن ئۇنى \add ئېغىر كېسەل\add* ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا چۆمدۈرىمەن. \f □ \fr 2:22 \ft \+bd «مانا، مەن ئۇنى ئېغىر كېسەل ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «مانا، مەن ئۇنى كارىۋاتقا تاشلايمەن».\f* \v 23 ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. \f □ \fr 2:23 \ft \+bd «ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن»\+bd* ــ «پەرزەنتلىرى» بولسا جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. \+bd «بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى... بىلىدۇ»\+bd* ــ «نىيەت-نىشانلار» ــ گرېك تىلىدا «بۆرەكلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «يەر.» 10:17.\f*  \x + \xo 2:23 \xt 1سام. 16‏:7؛ 1تار. 28‏:9؛ 29‏:17؛ زەب.7‏:9؛ 62‏:12؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ روس. 1‏:24؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 20‏:12. \x* \v 24‏-25 لېكىن، تىياتىرادىكى قالغانلارغا، يەنى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغانلار (ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە، شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەنلەر)، يەنى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ تۇتۇڭلار. ئۈستۈڭلارغا بۇنىڭدىن باشقا يۈكنى ئارتمايمەن. \x + \xo 2:24‏-25 \xt ۋەھ. 3‏:11. \x* \v 26 غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. \v 27 مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: ــ \m «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ». \f □ \fr 2:27 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ،...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۇلارنى شاھانە تۆمۈر ھاسا بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ،... ». \+bd «ئۇ ئۇلارنى ... ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت «زەب.» 9:2-ئايەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ئۇلار» خۇدا بىلەن قارشىلاشقان «يات ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەب.» 8:2-9، «ۋەھ.» 5:12، 15:19.\f*  \x + \xo 2:27 \xt زەب. 2‏:8-9. \x* \m \v 28 مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. \v 29  قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» \b \b \m \c 3 \s1 ساردىستىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 1 ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ \m «خۇدانىڭ يەتتە روھى ۋە يەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: \m ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ۋە شۇنداقلا «ھايات» دېگەن نام-ئابرۇيۇڭنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆلۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن.\x + \xo 3:1 \xt ۋەھ. 1‏:14، 16. \x* \v 2 شۇڭا، ئويغان، سېنىڭدە بار بولغان، ئەمما ئۆلەي دەپ قالغان \add خىسلەتلىرىڭنى\add* كۈچەيت؛ چۈنكى خۇدايىم ئالدىدا ئەمەللىرىڭنىڭ تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم. \v 3 ئۇنىڭ ئۈچۈن \add سۆز-كالامنى\add* قانداق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ توۋا قىلغىن. لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd « لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن»\+bd* ــ «ئوغرىدەك كېلىمەن...»: بىر قېتىم ساردىس شەھىرى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا «سېپىل-ئىستىھكامىمىز ھېچ بۆسۈلمەس» دەپ خاتىرجەملىكتە ئۇخلاۋاتقاندا دۈشمەن «ئوغرىدەك» كىرىپ ئۇنى ئىشغال قىلغان.\f*  \x + \xo 3:3 \xt مات. 24‏:43؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:19؛ 16‏:15. \x* \v 4 لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار. ئۇلار ئاق كىيىم كىيىپ مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار»\+bd* ــ «كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن» دېگەن ئىبارە كۆچمە مەنىدە، ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «...بىرنەچچە شەخس بار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... بىرنەچچە ناملار بار».\f* \v 5 غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.\x + \xo 3:5 \xt مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ مات. 10‏:32؛ لۇقا 12‏:8؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 20‏:12؛ 21‏:27. \x* \m \v 6 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» \b \m \s1 فىلادېلفىيەدىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 7 ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ \m «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ: \f □ \fr 3:7 \ft \+bd «...شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. «يەش.» 20:22-25نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:7 \xt ئايۇپ 12‏:14؛ يەش. 22‏:22؛ ۋەھ. 1‏:18؛ 3‏:14. \x* \m \v 8 ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ سۆز-كالامىمغا ئىتائەت قىلغىنىڭ ۋە نامىمدىن تېنىپ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ،...».\f* \v 9 مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن. \f □ \fr 3:9 \ft \+bd «شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلار...»\+bd* ــ 9:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt ۋەھ. 2‏:9؛ پەند. 19:14\x* \v 10 سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن.\f □ \fr 3:10 \ft \+bd «مېنىڭ سەۋر-تاقىتىمدىكى سۆز-كالامنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن...»\+bd* ــ «مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىم» (1) ياكى خۇش خەۋەرنىڭ ئۆزىنى (چۈنكى ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ساقلاش ئۈچۈن ھەرھالدا كۆپ سەۋر-تاقەت كېرەك)؛ (2) ياكى مەسىھنىڭ ئالاھىدە سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ئەمرلىرىنى؛ (3) ياكى خۇدانىڭ پۈتكۈل سۆز-كالامىنى كۆرسىتىدۇ (ئۇنىمۇ چىڭ تۇتۇشقا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بولۇش كېرەك). بىزنىڭچە بۇ سۆز يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋر-تاقىتى بىزگە بولمىسا، بىز «سەۋر-تاقىتىمدىكى سۆز-كالام»نى ھېچ تۇتالمايمىز، ئەلۋەتتە. \+bd «پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلىدىغان سىناق ۋاقىت-سائىتى»\+bd* ــ (1) ياكى ئىمپېراتور تراجان يۈرگۈزگەن زىيانكەشلەرنى، (2)ياكى تارىختىكى بىزگە ھازىر نامەلۇم باشقا بىر مەزگىلنى، (3) ياكى كەلگۈسىدىكى «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»نى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن «مات.» 9:24-22). \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 20:26-21.\f* \m \v 11 مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن. \x + \xo 3:11 \xt ۋەھ. 2‏:25. \x* \v 12 غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن ــ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.\x + \xo 3:12 \xt 1پاد. 7‏:21؛ ۋەھ. 21‏:10،2؛ 22‏:4. \x* \m \v 13  قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» \b \m \s1 لائودىكىيادىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت \m \v 14 ــ لائودىكىيادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ \m «ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچى، خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى مۇنداق دەيدۇ: \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچى، خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى»\+bd* ــ «ئامىن» سۆزىنىڭ مەنىسى «شۇنداق بولسۇن» بولۇپ، بۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ بارلىق ۋەدە ۋە پىلانلىرىنىڭ «ئامىن»ى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. («2كور.» 20:1). \fp «خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى» دېگەننىڭ باشقا تەرجىمىسى «خۇدا ياراتقان كائىناتنىڭ ئىدارە قىلغۇچىسى». بۇنڭغا ئوخشاش سۆز «كول.» 15:1، 18-ئايەتتە تېپىلىدۇ، شۇ ئايەتلەردىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:14 \xt كول. 1‏:15؛ ۋەھ. 1‏:5، 6. \x* \v 15 سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم!\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم!»\+bd* ــ لائودىكىيا شەھىرىدە ياخشى سۇ مەنبىسى يوق ئىدى. ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىنئىسسىق سۇ (تۇرۇبا ئارقىلىق) يەتكۈزۈلسە ئىلمان بولۇپ قالاتتى؛ سوغۇق سۇ يەتكۈزۈلسىمۇ سوغۇق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولۇپ قالاتتى؛ ئۇلار ئۆزلىرى بۇ ئىلمان سۇنى ياخشى كۆرمەيتتى.\f* \m \v 16 سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. \v 17 سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە، \v 18 باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. \f □ \fr 3:18 \ft \+bd «كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»\+bd* ــ «كۆزلىرىڭگە سۈرتۈش تۇتىيا» گرېك تىلىدا «كۆزلىرىڭنى مەسىھلەيدىغان تۇتىيا...» ياكى «كۆزلىرىڭنى مەسىھ قىلىدىغان تۇتىيا...». \+bd «باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»\+bd* ــ لائودىكىيا شەھىرى ئەسلىدە: (1) ئىنتايىن باي. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بانكىلىرى بار ئىدى. باي ئىكەنلىكىنىڭ بىر مىسالى، مىلادىيە 17-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن فىلادەلفىيە، ساردىس ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرى ئىنتايىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاچقا رىم ھۆكۈمىتى ئۇلارغا نۇرغۇن ياردەم پۇل ئەۋەتتى. لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر پۇلىمىز بار دەپ بۇ پۇلنى رەت قىلدى؛ (2) ئۇلارنىڭ چىرايلىق يۇڭلۇق كىيىم-كېچەك ئىشلەش بىلەن داڭقى چىققان؛ (3) ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىرخىل كۆز مەلھىمىنىڭمۇ داڭقى چىققانىدى.\f*  \x + \xo 3:18 \xt 2كور. 5‏:3؛ ۋەھ. 7‏:13؛ 16‏:15؛ 19‏:8. \x* \v 19 مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل. \x + \xo 3:19 \xt ئايۇپ 5‏:17؛ پەند. 3‏:12؛ ئىبر. 12‏:5. \x* \v 20 مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. \f □ \fr 3:20 \ft \+bd «ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «غىزالىنىش» دېگەن سۆز ئادەتتە كەچلىك تاماقنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 21 غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن.\x + \xo 3:21 \xt مات. 19‏:28؛ 1كور. 6‏:2. \x* \m \v 22  قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»\f □ \fr 3:22 \ft \+bd « قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»»\+bd* ــ بۇ يەتتە جامائەتنىڭ باشقابىر ئەھمىيىتى، يەنى بېشارەتلىك ئەھىمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \fig «كىچىك ئاسىيا»دىكى يەتتە جامائەت|src="7churches-uara-01.jpg" size="span" ref="«ۋەھ.» 2، 3" \fig* \b \b \m \c 4 \s1 ئەرشتىكى ئىبادەت \m \v 1 ئاندىن مەن قارىۋىدىم، مانا، ئاسماندا بىر ئىشىك ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز ماڭا: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇلاردىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتەي» دېدى \v 2 ۋە دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم؛ مانا، ئەرشتە بىر تەخت، تەختتە بىر زات ئولتۇراتتى.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم»\+bd* ــ «روھنىڭ ئىلكىدە» گرېك تىلدا «روھتا». دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىلھامى ئاستىدا بولغان.\f* \v 3 تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. تەختنىڭ چۆرىسىنى زۇمرەتتەك بىر ھەسەن-ھۈسەن ئوراپ تۇراتتى. \f □ \fr 4:3 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «ئەز.» 26:1-28.\f* \m \v 4 تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى»\+bd* ــ «ئاقساقاللار» كىملەر؟ ئالىملارنىڭ پىكرى: (1) ياكى ئۇلار مەسىھنىڭ جامائىتىنى بىلدۈرىدۇ؛ (2) ياكى تەۋرات دەۋرىدىكى ئېتىقادى بىلەن يول باشلىغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بىز (2)-پىكىرگە مايىلمىز، چۈنكى كېيىنكى بابلاردا جامائەت ئاقساقاللاردىن ئايرىم كۆرۈنىدۇ (9:7-17، 1:19-10). «ئىبر.» 11-باب، بولۇپمۇ -22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 5 تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. \f □ \fr 4:5 \ft \+bd «تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ يەتتە روھ يەتتە پەرىشتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، باشقىلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يەتتە تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ (5:6نى ۋە «يەش.» 2:11نى كۆرۈڭ). \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «مىس.» 16:19، «زەك.» 9:3، 10:4.\f* \v 6 تەختنىڭ ئالدى خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، سۈزۈك ئەينەك دېڭىزدەك ئىدى. تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تەختنىڭ چۆرىسىدە، ئالدى ۋە كەينى كۆزلەر بىلەن تولغان تۆت ھايات مەخلۇق تۇراتتى. \f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «ئەز.» 4:1-28.\f*  \x + \xo 4:6 \xt ۋەھ. 15‏:2. \x* \v 7 بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. \v 8 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى؛ ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماي: ــ \m «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، \m بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ بولغۇچى، \m ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» ــ دېيىشەتتى.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى»\+bd* ــ «ئەزاكىيال»دا كۆرۈنگەن «ھايات مەخلۇقلار»نىڭ تۆت قانىتى بار ئىدى. \+bd «ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى»\+bd* ــ «ئىچ تەرىپىمۇ» ياكى «قانات ئاستىمۇ».\f*  \x + \xo 4:8 \xt يەش. 6‏:3؛ ۋەھ. 1‏:4، 8؛ 11‏:17؛ 16‏:5. \x* \m \v 9 ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، \v 10 يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ \b \m \v 11 «سەن، ئى پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز، \m شان-شەرەپ، ھۆرمەت-شۆھرەت ۋە قۇدرەتكە لايىقتۇرسەن. \m چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىنى ياراتتىڭ، \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرادەڭ بىلەن مەۋجۇت ئىدى ۋە يارىتىلدى!»\x + \xo 4:11 \xt ۋەھ. 5‏:12. \x* \b \b \m \c 5 \s1 قوزىنىڭ ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىشى \m \v 1 ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ئىچ ۋە تاش تەرىپىگە خەت پۈتۈلگەن ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. \f □ \fr 5:1 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەك.» 1:5-4.\f*  \x + \xo 5:1 \xt ئ‍ەز. 2‏:10. \x* \v 2 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. \v 3 لېكىن نە ئەرشتە نە يەر يۈزىدە نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئاچالايدىغان ياكى ئىچىگە قارىيالايدىغان ھېچكىم چىقمىدى.\x + \xo 5:3 \xt فىل. 2‏:10؛ ۋەھ. 5‏:13. \x* \v 4 ئورام يازمىنى ئېچىشقا ياكى ئىچىگە قاراشقا لايىق بىرەرسى تېپىلمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. \v 5 ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: \m ــ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر ــ داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر،  ــ دېدى.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى»\+bd* ــ ياكى «داۋۇدنىڭ يىلتىزىنىڭ نوتىسى» («يەش.» 1:11نى كۆرۈڭ). لېكىن بىزنىڭچە بۇ سۆز داۋۇتنىڭ مەسىھتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ھەم مەسىھنىڭ داۋۇتنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (16:22 ۋە «مات.» 42:22-45).\f*  \x + \xo 5:5 \xt يار. 49‏:10،9؛ يەش. 11‏:10؛ رىم. 15‏:12؛ ۋەھ. 22‏:16. \x* \m \v 6 ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى.\x + \xo 5:6 \xt زەك. 3‏:9؛ 4‏:10؛ ۋەھ. 4‏:5. \x* \v 7 قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. \v 8 يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى).\x + \xo 5:8 \xt زەب. 141‏:2؛ ۋەھ. 14‏:2. \x* \v 9 ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ \b \m «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، \m ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ \m چۈنكى بوغۇزلاندىڭ \m ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، \m ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى \m ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.\x + \xo 5:9 \xt روس. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 9‏:12؛ 10‏:10؛ 1پېت. 1‏:19؛ 1يۇھ. 1‏:7؛ ۋەھ. 4‏:11. \x* \m \v 10 ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، \m كاھىنلار قىلدىڭ. \m ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ».\x + \xo 5:10 \xt مىس. 19‏:6؛ 1پېت. 2‏:5، 9؛ ۋەھ. 1‏:6. \x* \m \v 11 ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى»\+bd* ــ ئەسلىدە «ئۇلارنىڭ سانى يۈز مىليونلىغان، «مىليونلىغان ئىدى».\f*  \x + \xo 5:11 \xt دان. 7‏:10؛ ئىبر. 12‏:22. \x* \v 12 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ \b \m «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ \m ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى.\x + \xo 5:12 \xt ۋەھ. 4‏:11. \x* \b \m \v 13 ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: ــ \b \m «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا \m مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت \m ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. \b \m \v 14 تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى.\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «...تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى»\+bd* ــ بۇ مۇھىم بابنىڭ تېمىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 6 \s1 قوزىنىڭ ئالتە پېچەتنى ئېچىشى \m \v 1 ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم»\+bd* ــ «كەل!» دېگەن سۆز بەلكىم -2-8ئايەتلەردە كۆرۈنگەن ئاتلىقلارنىڭ ھەربىرىگە چىقىرىلغان بۇيرۇق بولسا كېرەك (3-، 5-، 7-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). \fp بەزى كونا كەچۈرۈلمىلەردە «كەل»نىڭ ئورندا «كېلىپ كۆرگىن!» دېيىلىدۇ.\f* \v 2 كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى»\+bd* ــ «تاج» دېگەن بۇ سۆز پادىشاھنىڭكى ئەمەس، بەلكى جەڭ-ئۇرۇشلاردا ياكى ئېلىشىش مۇسابىقىلىرىدا غالىبلارغا بېرىلىدىغان، بىرخىل نەپىس چەمبىرەكنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى... ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى»\+bd* ــ «ئاق ئاتقا مىنگۈچى»نىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 6:2 \xt ۋەھ. 19‏:11. \x* \m \v 3 قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. \v 4 يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى. \m \v 5 قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. \v 6 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: ــ \b \m «بىر تاۋاق بۇغداي بىر دىنارىئۇس پۇلغا، \m ئۈچ تاۋاق ئارپا بىر دىنارىئۇس پۇلغا سېتىلىدۇ. \m ئەمما زەيتۇن يېغىغا ۋە شارابقا زەرەر يەتكۈزمىگىن!» \m ــ دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 6:6 \ft \+bd «بىر تاۋاق بۇغداي»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىر ئۆلچەم بۇغداي». \+bd «بىر دىنارىئۇس پۇل»\+bd* ــ ئاساسەن بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئىدى («مات.» 2:20). «بىر تاۋاق» بەلكىم بىر شىڭ ئىدى (گرېك تىلىدا «چۆنىكس»). بىراق بىر تاۋاق بۇغداي ئارانلا بىر كىشىنىڭ كۈنلۈك تامىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا «قارا ئات» ئاچارچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايلار بولسا ئۆز راھەت-پاراغىتىگە كېرەك بولغان «ماي ۋە شاراب»لارنى سېتىۋالالايدۇ.\f*  \x + \xo 6:6 \xt ۋەھ. 9‏:4. \x* \m \v 7 قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. \v 8 كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.\f □ \fr 6:8 \ft \+bd «قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق...»\+bd* ــ «ۋابا» گرېك تىلىدا «ئۆلۈم».\f* \m \v 9 قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. \x + \xo 6:9 \xt ۋەھ. 19‏:10؛ 20‏:4. \x* \v 10 ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: \m ــ ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ ــ دېيىشەتتى. \m \v 11 ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى. \v 12 ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. \f □ \fr 6:12 \ft \+bd «ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈم...»\+bd* ــ «يەتتە پېچەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 6:12 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش.13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20.\x* \v 13 ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. \v 14 ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛ \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «يەش.» 4:34.\f* \v 15 ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. \f □ \fr 6:15 \ft \+bd «سەردارلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مىڭبېشىلار». \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 21:2.\f* \v 16 ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: ــ \m «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ھەم قوزىنىڭ غەزىپىدىن يوشۇرۇڭلار ۋە ساقلاڭلار! \f □ \fr 6:16 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «ھوش.» 8:10.\f*  \x + \xo 6:16 \xt يەش. 2‏:19؛ ھوش. 10‏:8؛ لۇقا 23‏:30؛ ۋەھ. 9‏:6. \x* \v 17 چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!».\x + \xo 6:17 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20\x* \b \b \m \c 7 \s1 مۆھۈرلەنگەن 144000 كىشى \m \v 1 ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى. \v 2 مەن ھايات خۇدانىڭ مۆھۈرىنى ئالغان، كۈن چىقىشتىن كۆتۈرۈلىۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە: \v 3 «بىز خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلماڭلار!» دەپ توۋلىدى. \v 4 مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم ــ ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى، يەنى: ــ \x + \xo 7:4 \xt ۋەھ. 14‏:1. \x* \b \m \v 5 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m رۇبەن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m گاد قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m \v 6 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m نافتالى قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m \v 7 شىمېئون قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m لاۋىي قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m \v 8 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m يۈسۈپ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، \m بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «...زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى»\+bd* ــ ئون قەبىلىدىن دان قەبىلىسى كەم ئىدى؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسى ئىككى بۆلەككە (يۈسۈپنىڭ ۋە ماناسسەھنىڭ)گە بۆلۈندى.\f* \b \m \s1 نىجاتنى تاپقان زور بىر تۇپ خالايىق \m \v 9 بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. \v 10 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ \m «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.\f □ \fr 7:10 \ft \+bd «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!»\+bd* ــ «نىجات... قوزىغا بولغاي!» دېگەن ئىبارە بولسا خۇدا ۋە قوزا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نىجاتنىڭ مېۋىسى بولغان شان-شەرەپ، نام-شۆھرەت ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ھەممسى ھېچ نېمە قالدۇرماي خۇدا ۋە قوزىغا قايتۇرۇپ كېلىنسۇن، دېگەندەك مەنىدە.\f* \m \v 11 بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ــ \b \m \v 12 «ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ، \m دانالىق ۋە تەشەككۈر، \m ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت \m خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» \b \m \v 13 ئەمدى ئاقساقاللاردىن بىرى مەندىن: \m ــ بۇ ئاق تون كىيدۈرۈلگەن كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 14 ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، ــ دېدىم. \m ئۇ ماڭا: \m ــ بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان. \v 15 شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ. \f □ \fr 7:15 \ft \+bd «تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز چېدىرىنى يېيىپ بېرىدۇ».\f* \v 16 ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. \x + \xo 7:16 \xt يەش. 49‏:10. \x* \v 17 چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، ــ دېدى. \f □ \fr 7:17 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 5:5-6، 8:25.\f*  \x + \xo 7:17 \xt يەش. 25‏:8؛ زەب. 23‏:1؛ ۋەھ. 21‏:4. \x* \b \b \m \c 8 \s1 قوزىنىڭ يەتتىنچى پېچەتنى ئېچىشى \m \v 1 قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.\f □ \fr 8:1 \ft \+bd «قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى»\+bd* ــ «يەتتە پېچەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \v 2 ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. \v 3 ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە \add خۇداغا\add* ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى.\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «خۇشبۇيگاھ.... ئالتۇن خۇشبۇيگاھ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قۇربانگاھ... ئالتۇن قۇربانگاھ».\f* \v 4 ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى.\x + \xo 8:4 \xt زەب. 141‏:2\x* \v 5 ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى. \v 6 ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى. \b \m \s1 يەتتە كاناينىڭ چېلىنىشى \m \v 7 بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى. \m \v 8 ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور \add بىر جىسىم\add* دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى \v 9 ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. \m \v 10 ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى. \v 11 يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى. \m \v 12 تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. \m \v 13 يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ \m «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. \b \b \m \c 9 \m \v 1 بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى،\x + \xo 9:1 \xt لۇقا 8‏:31؛ ۋەھ. 17‏:8. \x* \v 2 ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى. \v 3 تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. \v 4 ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە زەرەر يەتكۈزمەڭلار، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھۈرى بولمىغان ئادەملەرگىلا زەرەر قىلىڭلار، دەپ ئېيتىلدى.\x + \xo 9:4 \xt ئ‍ەز. 9‏:4؛ ۋەھ. 6‏:6؛ 7‏:3. \x* \v 5 ئۇلارغا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى بەش ئايغىچە قىيناشقا يول قويۇلدى؛ ئۇلار يەتكۈزىدىغان ئازاب ئادەمنى چايان چاققاندىكىدەك ئازاب ئىدى. \v 6 شۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ.\x + \xo 9:6 \xt يەش. 2‏:19؛ يەر. 8‏:3؛ ھوش. 10‏:8؛ لۇقا 23‏:30؛ ۋەھ. 6‏:16. \x* \b \m \v 7 چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجقا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بولۇپ، چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى.\x + \xo 9:7 \xt مىس. 10‏:4. \x* \v 8 چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. \v 9 ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى؛ قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. \v 10 چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش قۇيرۇقلىرى ۋە نەشتەرلىرى بار ئىدى. ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالىدىغان كۈچ بولسا قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. \v 11 ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى.\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى»\+bd* ــ بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھالاك قىلغۇچى».\f* \m \v 12 بىرىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى. مانا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى «ۋاي» كېلىدۇ.\x + \xo 9:12 \xt ۋەھ. 8‏:13. \x* \b \m \s1 ئالتىنچى كاناينىڭ چېلىنىشى؛ «ئىككىنچى ۋاي»نىڭ باشلىنىشى \m \v 13‏-14 ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: \m ــ چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. \v 15 دەل شۇ سائەت، شۇ كۈن، شۇ ئاي، شۇ يىل ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. \v 16 بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 9:16 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى»\+bd* ــ «ئىككى يۈز مىليون» گرېك تىلىدا «ئىككى تۈمەن ھەسسە تۈمەن».\f* \m \v 17 غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئۈستىگە مىنگەنلەر مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىدەك ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت چىقىپ تۇراتتى. \f □ \fr 9:17 \ft \+bd «ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى»\+bd* ــ «چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى» ياكى «ئوت، كۆك ياقۇت ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىدى».\f* \v 18 بۇ ئۈچ بالادىن، يەنى ئاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئوت ۋە تۈتۈن ۋە گۈنگۈرتتىن ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلتۈرۈلدى. \v 19 چۈنكى ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانلارغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى. \m \v 20 قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. \x + \xo 9:20 \xt زەب. 115‏:4، 5، 6، 7؛ 135‏:15. \x* \v 21 ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي بۇزۇقلۇق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى. \b \b \m \c 10 \s1 پەرىشتە ۋە كىچىك ئورام يازما \m \v 1 ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛\x + \xo 10:1 \xt مات. 17‏:2؛ ۋەھ. 1‏:15. \x* \v 2 قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، \v 3 شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. \m \v 4 يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ \m «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە»\+bd* ــ دېمەك، بۇ سۆزلەرنى مەخپىي تۇت.\f*  \x + \xo 10:4 \xt دان. 8‏:26؛ 12‏:4. \x* \v 5 دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ،\x + \xo 10:5 \xt دان. 12‏:7. \x* \v 6 ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: \m ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛\x + \xo 10:6 \xt ۋەھ. 11‏:15. \x* \v 7 بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. \m \v 8 مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: \m ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. \m \v 9 مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: \m ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى.\f □ \fr 10:9 \ft \+bd «...بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ»\+bd* ــ كۆچمە مەنىسى «ساڭا ئاۋۋال بىرخىل خۇشاللىق يەتكۈزىدۇ، لېكىن كېيىن يۈرىكىڭنى ئېچىشتۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «ئەز.» 6:2-3:3.\f*  \x + \xo 10:9 \xt ئ‍ەز. 3‏:1. \x* \m \v 10 مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. \f □ \fr 10:10 \ft \+bd «مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم...»\+bd* ــ «ئورام يازمىنى يېيىش» بىزنىڭچە يۇھاننا مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشى كېرەك بولىدىغان، تۆۋەندىكى 11-19-بابلاردىكى بېشارەتلەر بىلەن باغلىق. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن ماڭا: \m ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى. \b \b \m \c 11 \s1 ئىككى گۇۋاھچى؛ «ئىككىنچى ۋاي»نىڭ داۋامى \m \v 1 ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: \m «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن. \f □ \fr 11:1 \ft \+bd «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن»\+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، يۇھاننا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئۆلچىگىن دەپ بۇيرۇلغىنى بىلەن ئۇ بىزگە بۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئېيتمايدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «ئەز.» 3:40 قاتارلىقلار، «زەك.» 1:2-4.\f*  \x + \xo 11:1 \xt ئ‍ەز. 40‏:3-49؛ ئ‍ەز. 41؛ ئ‍ەز. 42؛ ئ‍ەز. 43. \x* \v 2 لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ.\x + \xo 11:2 \xt ۋەھ. 13‏:5. \x* \v 3 مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ»\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «ئىككى گۇۋاھچىم... بۆز كىيىم كىيىپ...»\+bd* ــ كونا زامانلاردا «بۆز كىيىم كىيىش» توۋا قىلىش ياكى ماتەم تۇتۇشنى بىلدۈرەتتى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ توۋا قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرنى تەكىتلەش ئۈچۈن بولىدۇ.\f* \v 4 (بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر).\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «مۇنساۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەك.» 1:4-7.\f*  \x + \xo 11:4 \xt زەك. 4‏:14،3. \x* \m \v 5 بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. \v 6 ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.\x + \xo 11:6 \xt مىس. 7؛ 8؛ 9؛ 10؛ 12؛ 1پاد. 17‏:1. \x* \v 7 ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ».\f*  \x + \xo 11:7 \xt دان. 7‏:21؛ ۋەھ. 13‏:11،7. \x* \v 8 جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر»\+bd* ــ سودوم ئېغىر بۇزۇقلۇققا چۆمگەنىدى، مىسىر بولسا خۇدانىڭ بەندىلىرىگە نىسبەتەن ئەسلىدە ئۇلارنى ئەسىر قىلىۋالغان «بۇ رەزىل دۇنيا»نىڭ سىمۋولىدۇر. شەھەرنىڭ «روھىي جەھەتتىن» شۇ ناملاردا بولۇشى «رىم» ياكى «بابىل (بابىلون)»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شەھەر ھەرھالدا ئاخىرقى زاماندا بۇ رەزىل دۇنيانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئەڭ چوڭ ناماياندە بولۇشى كېرەك. \fp بەزى ئالىملار شەھەرنى يېرۇسالېم دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 11:8 \xt ۋەھ. 7‏:2، 5؛ 18‏:10. \x* \v 9 ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. \v 10 يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى. \m \v 11 لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى. \f □ \fr 11:11 \ft \+bd «خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نەپەس» ۋە «روھ» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 11:11 \xt ئ‍ەز. 37‏:10،5\x* \v 12 ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. \f □ \fr 11:12 \ft \+bd «ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى»\+bd* ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە: «مەن ئۇلار ئىككىلىسى ئۆزلىرىگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم» دېيىلىدۇ.\f* \v 13 دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.\f □ \fr 11:13 \ft \+bd «يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەتتە مىڭ نام ھالاك بولدى».\f* \m \v 14 ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى.\x + \xo 11:14 \xt ۋەھ. 8‏:13؛ 9‏:12؛ 15‏:1. \x* \b \m \s1 يەتتىنچى پەرىشتىنىڭ كاناي چېلىشى؛ «ئۈچىنچى ۋاي» \m \v 15 ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز \m ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، \m ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». \m \v 16 خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ \m \v 17 «شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، \m ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، \m چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، \m ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.\x + \xo 11:17 \xt ۋەھ. 1‏:4، 8؛ 4‏:18؛ 16‏:5. \x* \m \v 18 ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، \m ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! \m ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، \m قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، \m مۇقەددەس بەندىلەرنى، \m تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، \m يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى». \b \m \v 19 ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى.\x + \xo 11:19 \xt ۋەھ. 15‏:5. \x* \b \b \m \c 12 \s1 ئايال، ئوغۇل بالا ۋە ئەجدىھا \m \v 1 ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ــ ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. \v 2 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى.\f □ \fr 12:2 \ft \+bd «ئۇ (ئايال) ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى...»\+bd* ــ ئايال توغرۇلۇق ئۈچ پىكىر بار؛ ئۇ ياكى (1) جامائەتنى؛ ياكى (2) بۈۋى مەريەم؛ ياكى (3) ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسرائىلنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قىلچە گۇمانىمىز يوق. \fp ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تەۋرات، «يارىتىلىش» 37-بابتا خاتىرىلەنگەن چۈشىنى كۆرۈڭ. «ئايال» جامائەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «ئايال» مەسىھنى تۇغىدۇ (5-ئايەت). 17:12نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 3 ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. \v 4 ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى.\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «ئۇ (ئەجدىھا) قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى...»\+bd* ــ بۇ ۋەھىي بىزنىڭچە شەيتاننىڭ ئەسلىدەئەرشتە خۇداغا قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەرھ توغرا بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىسيانغا قوشۇلۇپ ھازىرقى جىنلار بولۇپ چىققان.\f* \v 5 ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى.\x + \xo 12:5 \xt زەب. 2‏:9؛ ۋەھ. 2‏:27. \x* \v 6 ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.\x + \xo 12:6 \xt ۋەھ. 11‏:3. \x* \m \v 7 ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. \add باش پەرىشتە\add* مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى.\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «باش پەرىشتە مىكائىل»\+bd* ــ باش پەرىشتە مىكائىلنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار («دان.» 13:10، 21، 1:12 ۋە «يەھ.» 9نى كۆرۈڭ).\f* \v 8 لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى.\x + \xo 12:8 \xt دان. 2‏:35. \x* \v 9 شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى.\x + \xo 12:9 \xt لۇقا 10‏:18؛ ۋەھ. 20‏:2. \x* \m \v 10 ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ \b \m «كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى! \m چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛ \m \v 11 قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ \m ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى. \m \v 12 شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار! \m لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! \m چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛ \m ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، \m غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!».\x + \xo 12:12 \xt زەب. 96‏:11؛ يەش. 49‏:13؛ ۋەھ. 8‏:13. \x* \m \v 13 ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. \v 14 ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى \add ئۈچۈن ھازىرلانغان\add* ماكانىغا بېرىپبىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.\f □ \fr 12:14 \ft \+bd «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل، ۋە يېرىم مەزگىل»\+bd* ــ 1260 كۈن، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل. «دان.» 25:7، 7:12نى، ئىزاھاتلىرى ۋە «دانىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:14 \xt ۋەھ. 2‏:6. \x* \v 15 ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى. \v 16 لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى. \v 17 بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى.\f □ \fr 12:17 \ft \+bd «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى»\+bd* ــ ياكى ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار، ياكى ئۇ ئۆزى بەرگەن گۇۋاھلىقنى چىڭ تۇتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ئاۋۋالقىسى توغرا.\f* \b \b \m \c 13 \s1 دېڭىزدىن چىققان دىۋە \m \v 1 ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى.\f □ \fr 13:1 \ft \+bd «دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»\+bd* ــ ئادەمئاتىمىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا بولغاندەك (كېيىن گۇناھ قىلغاچقا بۇ ئوبراز بۇزۇلغان، ئەلۋەتتە)، ئاندىن مەسىھ ئۆزى خۇدانىڭ مۇكەممەل ئوبرازى، شۇنداقلا يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى بولغاندەك، بۇ «دىۋە» 12-بابتا كۆرۈنگەن شەيتاننىڭ توپتوغرا (يەتتە باشلىق ئون مۈڭگۈزلۈك) ئوبرازىدۇر. يەنە بىر قىزىق ئىش شۇكى، ئۇ كۆرۈنۈشتە مەسىھگە ئوخشاش «ئۆلۈمدىن تىرىلگەن» بولىدۇ (3-ئايەت). شۇنىڭ بىلەن بىزدە قىلچە گۇمان يوقكى، بۇ دىۋە شەيتاننىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى، يەنى مەسىھنىڭ رەقىبى بولغان ئادەم ــ دەججالنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 13:1 \xt دان. 7‏:20؛ ۋەھ. 17‏:3. \x* \v 2 مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى.\f □ \fr 13:2 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «دان.» 1:7-8.\f* \v 3 دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا \add ئەگەشتى\add*. \v 4 ئەجدىھا دىۋىگە \add سەلتەنەتلىك\add* ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: ــ دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ ــ دېدى.\x + \xo 13:4 \xt ۋەھ. 18‏:18. \x* \m \v 5 دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى.\x + \xo 13:5 \xt ۋەھ. 11‏:2. \x* \v 6 ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ــ ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى.\f □ \fr 13:6 \ft \+bd «...ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا...كۇپۇرلۇق قىلغىلى...»\+bd* ــ ياكى «... ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىغا... كۇپۇرلۇق قىلغىلى...». «ئۇنىڭ دەرگاھى» ياكى ئەرشتىكى تۇرالغۇسى ياكى يەر يۈزىدىكى ئىبادەتخانىسىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.\f* \v 7 ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى.\x + \xo 13:7 \xt دان. 7‏:21؛ ۋەھ. 11‏:7. \x* \v 8 يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.\f □ \fr 13:8 \ft \+bd «ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا،...»\f*  \x + \xo 13:8 \xt مىس. 32‏:33؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 17‏:8؛ 20‏:12؛ 21‏:27. \x* \m \v 9 قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن! \b \m \v 10 ««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ». \b \m مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.\f □ \fr 13:10 \ft \+bd ««قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىر كۆچۈرمىدە: «كىم قىلىچلاپ ئۆلتۈرسە، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ. بۇ سۆز رەببىمىزنىڭ «مات.» 52:26دە دېگەن سۆزلىرىگە ماس كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 13:10 \xt يار. 9‏:6؛ مات. 26‏:52؛ ۋەھ. 14‏:12. \x* \b \m \s1 يەردىن چىققان دىۋە \m \v 11 مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. \x + \xo 13:11 \xt ۋەھ. 11‏:7. \x* \v 12 ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. \x + \xo 13:12 \xt ۋەھ. 19‏:20. \x* \v 13 ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. \x + \xo 13:13 \xt 2تېـس. 2‏:9؛ ۋەھ. 16‏:14. \x* \v 14 ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. \x + \xo 13:14 \xt قان. 13‏:2؛ مات. 24‏:24؛ ۋەھ. 16‏:14؛ 19‏:20. \x* \v 15 دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. \x + \xo 13:15 \xt ۋەھ. 19‏:20. \x* \v 16 ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. \v 17 ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى.\x + \xo 13:17 \xt ۋەھ. 14‏:11. \x* \m \v 18 مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر.\f □ \fr 13:18 \ft \+bd «بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «بۇ رەقەم ئىنساننىڭ رەقىمى بولىدۇ». \+bd «ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن... ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر»\+bd* ــ «دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاش» مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە شۇ كونا زامانلاردىكى ھېسابلاش تۈزۈمىنى جەدۋەلدە كۆرسىتىمىز. بۇ بابدىكى باشقا بەزى مۇھىم ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 13:18 \xt ۋەھ. 17‏:9. \x* \b \b \m \c 14 \s1 قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ مەدھىيە كۈيى \m \v 1 ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى.\f □ \fr 14:1 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەب.» 48-كۈي، «ئىبر.» 18:12-29.\f*  \x + \xo 14:1 \xt ۋەھ. 7‏:4؛ 2تار. 23‏:7\x* \v 2 ئاسماندىن خۇددى \add شارقىراپ ئېقىۋاتقان\add* نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار چىلتارلارنى چالغان ئاۋازغا ئوخشايتتى؛\x + \xo 14:2 \xt ۋەھ. 1‏:15؛ 5‏:8. \x* \v 3 ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى \add گۇناھلىرىنىڭ\add* بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى.\x + \xo 14:3 \xt ۋەھ. 5‏:9. \x* \v 4 ئۇلار ئاياللار تەرىپىدىن گۇناھتا بۇلغانمىغان، چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر. قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان.\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر»\+bd* ــ «پاك ئادەملەر» بولسا گرېك تىلىدا ئادەتتە بۇ سۆز جىنىسىي مۇناسىۋەتنى ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە (1) ئەمەلىي شۇ مەنىدە (2) ياكى روھىي جەھەتتە كۆچمە مەنىدە (3) ياكى ئىككى مەنىدە تەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئايەتتىن كۆرۈنىدۇكى، ئۇلار ھەممىسى ئوغۇل بالىلار. \+bd «ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان»\+bd* ــ «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»نىڭ ئۆز قىممىتى بار، ئەلۋەتتە؛ تەۋرات دەۋرىدە ئىسرائىللار دائىم «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا (نەزىر قىلىپ) ئاتايتتى. بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:4 \xt 2كور. 11‏:2. \x* \v 5 ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ. \f □ \fr 14:5 \ft \+bd «ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا ئەيىبسىز ئىسپاتلىنىدۇ» دېگەن سۆزلەر قوشۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 14:5 \xt زەف. 3‏:13؛ ئ‍ەف. 5‏:27. \x* \b \m \s1 ئۈچ پەرىشتە ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر \m \v 6 ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. \v 7 ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! ــ دەيتتى.\x + \xo 14:7 \xt يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ 124‏:8؛ 146‏:6؛ روس. 14‏:15؛ 17‏:24. \x* \m \v 8 ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن».\f □ \fr 14:8 \ft \+bd «ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن»\+bd* ــ «سەۋدالىق» توغرۇلۇق: گرېك تىلىدا «سەۋداسى» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «غەزەپ» دېگەن مەنىسىمۇ بار؛ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە بۇنىڭ ئىككىنچى مەنىدە كەلگەن؛ بابىلنىڭ شارابىنى ئىچكەنلەر خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.\f*  \x + \xo 14:8 \xt يەش. 21‏:9؛ يەر. 51‏:8؛ ۋەھ. 16‏:19؛ 17‏:5؛ 18‏:21،10،2. \x* \m \v 9 ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ \m «كىمدىكىم دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ تامغىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا قوبۇل قىلسا، \v 10 خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ. \x + \xo 14:10 \xt ۋەھ. 16‏:19؛ 18‏:6؛ 19‏:20. \x* \v 11 ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ».\x + \xo 14:11 \xt ۋەھ. 19‏:3. \x* \m \v 12 مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. \x + \xo 14:12 \xt ۋەھ. 13‏:10. \x* \v 13 مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ \m «بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر! \m ــ دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ــ ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»».\f □ \fr 14:13 \ft \+bd «دۇرۇس، دەيدۇ روھ»\+bd* ــ «روھ» بولسا مۇقەددەس روھ. \+bd «قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئەمەللىرىنىڭ ئىنئامى بېشىغا چۈشىدۇ.\f* \b \m \s1 يەر يۈزىدىن ئالغان ئىككى ئورما \m \v 14 مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى. \f □ \fr 14:14 \ft \+bd «ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى»\+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ زات مەسىھ بولۇشى كېرەك. چۈنكى «يو.» 11:3-14دە «ئورما ئورىغۇچى»نىڭ خۇدانىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.\f*  \x + \xo 14:14 \xt ئ‍ەز. 1‏:26؛ دان. 7‏:13؛ ۋەھ. 1‏:13. \x* \v 15 ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى.\f □ \fr 14:15 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يو.» 11:3-14.\f*  \x + \xo 14:15 \xt يو. 3‏:13؛ مات. 13‏:39. \x* \b \m \v 16 بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى. \m \v 17 ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. \v 18 ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملىرى پىشىپ يېتىلدى، ــ دېدى.\f □ \fr 14:18 \ft \+bd «ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە»\+bd* ــ بەلكىم ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇربانگاھىدىكى ئوتقا مەسئۇل بولغان پەرىشتە. \+bd «يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلى...»\+bd* ــ ياكى «يەر يۈزىدىكى ئۈزۈمزار...».\f* \m \v 19 بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى. \f □ \fr 14:19 \ft \+bd «يەردىكى ئۈزۈم تېلى»\+bd* ــ ياكى «يەردىكى ئۈزۈمزار».\f*  \x + \xo 14:19 \xt ۋەھ. 19‏:15. \x* \v 20 شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە چىقىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.\f □ \fr 14:20 \ft \+bd «شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ،...»\+bd* ــ «شەھەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۈچ يۈز چاقىرىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىر مىڭ ئالتە يۈز ستادىيون». بىر ستادىيون 185 مېتر، 1600 ستادىيون 290 كىلومېتر. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 1:63-6، «ۋەھ.» 19:13.\f*  \x + \xo 14:20 \xt يەش. 63‏:3. \x* \b \b \m \c 15 \s1 «يەتتە چىنە» ــ ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت \m \v 1 ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).\x + \xo 15:1 \xt ۋەھ. 11‏:14. \x* \b \m \v 2 مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ،\x + \xo 15:2 \xt ۋەھ. 4‏:6؛ مىك. 7‏:18. \x* \v 3 ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ \b \m «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، \m ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، \m يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، \m ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى!\x + \xo 15:3 \xt زەب. 111‏:2؛ 139‏:14؛ 145‏:17. \x* \m \v 4 ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، \m نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ \m چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ \m بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، \m ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ \m چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».\f □ \fr 15:4 \ft \+bd «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى»\+bd* ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10.\f*  \x + \xo 15:4 \xt يەر. 10‏:7. \x* \b \m \v 5 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى!\f □ \fr 15:5 \ft \+bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى»\+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك.\f*  \x + \xo 15:5 \xt ۋەھ. 11‏:19. \x* \v 6 يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.\x + \xo 15:6 \xt ۋەھ. 1‏:13. \x* \v 7 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. \v 8 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. \f □ \fr 15:8 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12.\f*  \x + \xo 15:8 \xt مىس. 40‏:34؛ 1پاد. 8‏:10؛ يەش. 6‏:4. \x* \b \b \m \c 16 \s1 خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنە \m \v 1 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. \m \v 2 بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى.\x + \xo 16:2 \xt مىس. 9‏:11،10،9؛ ۋەھ. 13‏:17،16،14.\x* \m \v 3 ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى.\x + \xo 16:3 \xt مىس. 7‏:20. \x* \m \v 4 ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. \v 5 ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ \b \m «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، \m ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى!\x + \xo 16:5 \xt ۋەھ. 1‏:4، 8؛ 4‏:8؛ 11‏:17. \x* \m \v 6 مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، \m سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر».\x + \xo 16:6 \xt مات. 23‏:34. \x* \m \v 7 ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ \b \m «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، \m ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» \m ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.\x + \xo 16:7 \xt ۋەھ. 15‏:3. \x* \b \m \v 8 تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى.\f □ \fr 16:8 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى»\+bd* ــ «ئوت بىلەن» ــ دېمەك، ئوتتەك قىزىقلىقى بىلەن. 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى.\x + \xo 16:9 \xt ۋەھ. 16‏:21،11. \x* \m \v 10 بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى \v 11 ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى. \m \v 12 ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. \f □ \fr 16:12 \ft \+bd «كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى»\+bd* ــ «كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلار» ــ ھارماگېددوندا بولغان جەڭگە قاتنىشىشقا كېلىدىغان پادىشاھلار (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەر.» 46:10، 51:36، «ۋەھ.» 9:14.\f* \v 13 ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. \f □ \fr 16:13 \ft \+bd «ساختا پەيغەمبەر»\+bd* ــ قوزىنىڭ قىياپىتىدە بولغان دىۋە (11:13-17).\f* \v 14 بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى \x + \xo 16:14 \xt 2تېـس. 2‏:9؛ ۋەھ. 13‏:13؛ 17‏:14؛ 19‏:20،19؛ 20‏:8. \x* \v 15 («مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»).\f □ \fr 16:15 \ft \+bd «مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن!»\+bd* ــ «ئوغرىنىڭ كېلىشى» بەلكىم كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز كېلىشىنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنى دېگۈچى مەسىھ ئۆزى. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يو.» 14:3، «ھوش.» 5:1، 11.\f*  \x + \xo 16:15 \xt مات. 24‏:43؛ لۇقا 12‏:39؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:18،3. \x* \m \v 16 ئەمدى \add ناپاك روھلار\add* \add پادىشاھلارنى\add* ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى.\f □ \fr 16:16 \ft \+bd «ئەمدى ناپاك روھلار پادىشاھلارنى... جەم قىلدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇلارنى... جەم قىلدى». \+bd «ھارماگېددون»\+bd* ــ «مەگىددو تېغى» دېگەن مەنىدە. . ئىبرانىي تىلىدا توپتوغرا «ھار-مەگىددو» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 17 يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى.\x + \xo 16:17 \xt ۋەھ. 21‏:6. \x* \m \v 18 شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. \x + \xo 16:18 \xt ۋەھ. 4‏:5؛ 8‏:5. \x* \v 19 كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. \f □ \fr 16:19 \ft \+bd «كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى»\+bd* ــ «كاتتا شەھەر» بابىلدۇر (8:14، 10:18 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 16:19 \xt يەر. 25‏:15؛ ۋەھ. 14‏:10،8؛ 18‏:5. \x* \v 20 بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ \v 21 ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى.\f □ \fr 16:21 \ft \+bd «ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى»\+bd* ــ «بىر تالانت» 45 كىلو.\f*  \x + \xo 16:21 \xt ۋەھ. 11‏:19؛ 16‏:11،9. \x* \b \b \m \c 17 \s1 چوڭ پاھىشە ئايال «بابىل» \m \v 1 يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: \m ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. \v 2 يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى. \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.\f □ \fr 17:3 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتەبىر چۆلگە ئېلىپ باردى»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «روھ» ياكى ئۆز روھىنى ياكى مۇقەددەس روھنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك.\f*  \x + \xo 17:3 \xt ۋەھ. 13‏:1؛ 17‏:8. \x* \v 4 ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.\x + \xo 17:4 \xt ۋەھ. 18‏:16. \x* \v 5 پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى.\f □ \fr 17:5 \ft \+bd «پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى»\+bd* ــ «سىر» بولسا ئىنجىلدا ئەسلىدە يوشۇرۇن، خۇدا ئۆز بەندىلرىگە ئاشكارە قىلغان بىر ئاجايىب ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 17:5 \xt 2تېـس. 2‏:7. \x* \v 6 مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.\f □ \fr 17:6 \ft \+bd «ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر»\+bd* ــ ياكى «ئەيسانىڭ گۇۋاھچىلىرى». بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن تارتىپ «گۇۋاھچى» دېگەن سۆز «خۇدانىڭ يولىدا قۇربان بولغۇچى» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرەتتى. سەۋەبى، نۇرغۇنلىغان ئېتىقادچىلار گۇۋاھلىق بېرىش يولىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى.\f*  \x + \xo 17:6 \xt ۋەھ. 18‏:24. \x* \v 7 پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ \m «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. \v 8 سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.\f □ \fr 17:8 \ft \+bd «سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ... ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق ئايەت، شۇنداقلا بۇ بابتا بېشارەت قىلىنغان باشقا ئىشلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 17:8 \xt مىس. 32‏:32؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 13‏:8. \x* \v 9 مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. \x + \xo 17:9 \xt ۋەھ. 13‏:18،1. \x* \v 10 بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. \v 11 بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.\f □ \fr 17:11 \ft \+bd «بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ»\+bd* ــ بىز بۇ سىرلىق ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 12 سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. \f □ \fr 17:12 \ft \+bd «سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ»\+bd* ــ «دان.» 39:2-43، 23:7-26نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 17:12 \xt دان. 7‏:20؛ ۋەھ. 13‏:1. \x* \v 13 بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ. \v 14 دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر».\x + \xo 17:14 \xt 1تىم. 6‏:15؛ ۋەھ. 16‏:14؛ 19‏:16. \x* \m \v 15 پەرىشتە ماڭا يەنە: \m ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. \f □ \fr 17:15 \ft \+bd «ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر...»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە بولسا بەلكىم ئاخىرقى زامانلاردا (1) نۇرغۇن كىشىلەر ئىگە-چاقىسىز سەرسان يۈرىدىغانلىقى؛ ياكى (2) نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز دۆلىتى ئىچىدە بىر-بىرىگە ئۇيۇشۇپ سىياسىي مەقسەتتە گۇرۇھلاشقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 17:15 \xt يەش. 8‏:7. \x* \v 16 سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. \x + \xo 17:16 \xt ۋەھ. 18‏:8. \x* \v 17 چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ \add ئون پادىشاھنىڭ\add* كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى. \m \v 18 سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 17:18 \ft \+bd «..يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەر..»\+bd* ــ «كاتتا شەھەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئۇ بابىلنى كۆرسىتىدۇ (1-ئايەت).\f*  \x + \xo 17:18 \xt ۋەھ. 16‏:19. \x* \b \b \m \c 18 \s1 بابىلنىڭ گۇمران بولۇشى \m \v 1 ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى. \m \v 2 پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ \m «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! \m ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، \m ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى! \f □ \fr 18:2 \ft \+bd «ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى..»\+bd* ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە بۇ سۆزلەردىن كېيىن: «ۋە ھەربىر ھارام ۋە يىرگىنچلىك ھايۋاننىڭ سولاق-ئۇۋىسى بولدى» ــ دېگەن سۆزلەر قوشۇلىدۇ. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 19:13-22، 22:14-23، 21:9، «يەر.» 34:50-40، 36:51-37.\f*  \x + \xo 18:2 \xt يەش. 13‏:21؛ 21‏:9؛ 34‏:14،11؛ يەر. 50‏:39؛ 51‏:8؛ ۋەھ. 14‏:8. \x* \m \v 3 چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛ \m يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى، \m يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى».\x + \xo 18:3 \xt ۋەھ. 14‏:8؛ 17‏:2. \x* \b \m \v 4 ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ \m «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، \m ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار! \f □ \fr 18:4 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 11:52، «يەر.» 8:50، 6:51-8، 45 قاتارلىقلار.\f*  \x + \xo 18:4 \xt يار. 19‏:12؛ يەش. 48‏:20؛ 52‏:11؛ يەر. 51‏:45،6؛ 2كور. 6‏:17. \x* \m \v 5 چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى پەلەككە يەتكۈدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، \m خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكلىرىنى ئېسىگە ئالدى. \f □ \fr 18:5 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «زەب.» 5:36.\f*  \x + \xo 18:5 \xt ۋەھ. 16‏:19. \x* \m \v 6 ئۇ باشقىلارغا ياندۇرغىنىدەك ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار؛ \m ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق ئىككى ھەسسە قوشلاپ قايتۇرۇڭلار؛ \m ئۇ \add باشقىلارغا\add* ئەبجەش قىلىپ بەرگەن قەدەھتە ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە قويۇق ئەبجەش قىلىڭلار.\x + \xo 18:6 \xt ۋەھ. 14‏:10. \x* \m \v 7 ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىغان بولسا، \m قانچىلىك ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان بولسا، \m ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىينىلىش ۋە دەرد بېرىڭلار؛ \m ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تۇل ئەمەس، بەلكى تەختە ئولتۇرغان خانىشمەن؛ \m مەن دەرد-ئەلەمنى ئەسلا كۆرمەيمەن» دېگىنى تۈپەيلىدىن، \f □ \fr 18:7 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «يەش.» 8:47.\f*  \x + \xo 18:7 \xt يەش. 47‏:8. \x* \m \v 8 بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر، \m يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ، \m ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!».\x + \xo 18:8 \xt 2تېـس. 2‏:8؛ ۋەھ. 17‏:16. \x* \m \v 9 ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. \x + \xo 18:9 \xt ۋەھ. 17‏:2؛ 18‏:18،3. \x* \v 10 ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: \m ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! \m ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! \m چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!»\x + \xo 18:10 \xt يەش. 21‏:9؛ يەر. 51‏:1؛ ۋەھ. 14‏:8. \x* \b \m \v 11 يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى، \v 12 يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتلىك ياقۇتلار، ئۈنچە-مەرۋايىت، نەپىس لىباس رەخت، سۆسۈن رەخت، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەرخىل خۇشبۇي تۇرۇنج ياغاچلار، پىل چىشى بۇيۇملىرى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، \f □ \fr 18:12 \ft \+bd «توق قىزىل رەڭلىك گەزمال»\+bd* ــ ياكى «توق قىزىل بوياق».\f* \v 13 شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، تېتىتقۇلار، خۇشبۇي، مۇرمەككى، مەستىكى، شاراب، زەيتۇن مېيى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر.\f □ \fr 18:13 \ft \+bd «ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرى»\+bd* ــ «ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى» دېگەن ئىبارە بەلكىم قۇللارنىڭ ھالىتىنى ياكى بۇ بايلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ كۆپ كىشىلەرنىڭ جانلىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. قۇللۇق ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنى ھالاك قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ جان-ھاياتىنىڭ ھەرقانداق ئەھمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 18:13 \xt ئ‍ەز. 27‏:13. \x* \m \v 14 (\add ئى بابىل\add*، جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى، \m بارلىق ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مال-دۇنيالىرىڭ سەندىن يوقالدى. \m ئۇلار بۇلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايدۇ!)\f □ \fr 18:14 \ft \+bd «جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى»\+bd* ــ «ئېسىل (پىشقان) مېۋىلەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، ھەرخىل ئېسىل نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \m \v 15 بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر بولسا شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: ــ \b \m \v 16 «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! \m نەپىس لىباس رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا ئورىلىپ، \m ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنسەن! \x + \xo 18:16 \xt ۋەھ. 17‏:4. \x* \m \v 17 بىر سائەت ئىچىدىلا شۇنچە كاتتا بايلىقلار ۋەيران بولدى!» \m بارلىق كېمە خوجايىنلىرى، كېمىدىكى بارلىق يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، \v 18 ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: \m ــ بۇ كاتتا شەھەرگە قايسى شەھەر تەڭ كېلەلىسۇن؟ ــ دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. \x + \xo 18:18 \xt يەش. 34‏:10؛ ۋەھ. 13‏:4؛ 18‏:9. \x* \v 19 ئۇلار باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، يىغا-زار قىلىشىپ: \m ــ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئۇ كاتتا شەھەر! \m ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلىتىدىن، دېڭىزدا كېمىسى بارلار بېيىغانىدى! \m بىر سائەت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى بۇ شەھەر! ــ دېيىشىدۇ. \m \v 20 ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، \m ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! \m چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!».\x + \xo 18:20 \xt ۋەھ. 19‏:2. \x* \b \m \v 21 ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: ــ \m «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، \m كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، \m ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ! \f □ \fr 18:21 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «مىس.» 5:15، «يەر.» 63:51-64.\f*  \x + \xo 18:21 \xt يەر. 51‏:64. \x* \m \v 22 چىلتارچىلارنىڭ، سازچىلارنىڭ، \m نەيچىلەر ۋە سۇنايچىلارنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، \m ھەرخىل ھۈنەرنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەن سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز تېپىلمايدۇ، \m تۈگمەننىڭمۇ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، \f □ \fr 18:22 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 8:24-9، «يەر.» 34:7، 9:16-10، 10:25، «ئەز.» 13:26.\f*  \x + \xo 18:22 \xt يەر. 25‏:10؛ ئ‍ەز. 26‏:13. \x* \m \v 23 ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، \m توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ \m چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، \m بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛\x + \xo 18:23 \xt يەر. 7‏:34؛ 16‏:9؛ 25‏:10. \x* \m \v 24 پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ \add تۆكۈلگەن قانلىرى\add*، \m شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى».\x + \xo 18:24 \xt ۋەھ. 17‏:6. \x* \b \b \m \c 19 \s1 ئەرشتىكى ھەمدۇسانالار \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ \b \m ــ ھەمدۇسانا!نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر!\f □ \fr 19:1 \ft \+bd «ھەمدۇسانا»\+bd* ــ گرېك تىل ۋە ئىبرانىي تىلىدا «خاللېلۇياھ!» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى ««ياھ»قا مەدھىيە بولغاي!». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياھ» «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر.\f* \m \v 2 چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛ \m ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز بۇزۇقلۇقى بىلەن بۇزغان چوڭ پاھىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، \m ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى، \m ــ دېيىشەتتى.\f □ \fr 19:2 \ft \+bd «ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالدى». \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەب.» 9:19، «قان.» 43:32.\f*  \x + \xo 19:2 \xt قان. 32‏:43؛ ۋەھ. 15‏:3؛ 16‏:7؛ 18‏:20. \x* \b \m \v 3 ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ!\f □ \fr 19:3 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 10:34.\f*  \x + \xo 19:3 \xt يەش. 34‏:10؛ ۋەھ. 14‏:11؛ 18‏:18. \x* \m \v 4 يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. \b \m \s1 قوزىنىڭ توي زىياپىتى \m \v 5 ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: ــ \m «ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى، \m ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن، \m ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!» \b \m \v 6 ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ \b \m «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى!\x + \xo 19:6 \xt ۋەھ. 11‏:17. \x* \m \v 7 شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! \m چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، \m قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!»\x + \xo 19:7 \xt مات. 22‏:2؛ لۇقا 14‏:16. \x* \m \v 8 قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). \m \v 9 ئاندىن، \add پەرىشتە\add* ماڭا: \m ــ مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: ــ \m «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» ــ دېدى. \m ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 19:9 \ft \+bd «ئاندىن پەرىشتە ماڭا ... دېدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاندىن ئۇ ماڭا ... دېدى» دېيىلىدۇ. سۆزلىگۈچى چوقوم پەرىشتە بولىدۇ؛ 10-ئايۆتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 19:9 \xt ۋەھ. 21‏:5. \x* \m \v 10 مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ: \m ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 19:10 \ft \+bd «ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقانئە قېرىنداشلىرىڭ...». \+bd «ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر»\+bd* ــ بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. دېمەك، پۈتكۈل تەۋرات-ئىنجىلدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەر ۋە خۇدانىڭ گاھى ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن باشقا جامائەتلەردە يۈرگۈزگەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنىڭ مېغىزى ۋە جەۋھىرى بولسا «ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق (بېرىش)»تۇر. مەلۇم بىر «ۋەھىي-بېشارەت»تە شۇنداق ئامىل ياكى نەتىجە بولمىسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي بىر«ۋەھىي-بېشارەت» ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 19:10 \xt روس. 10‏:26؛ 14‏:14؛ ۋەھ. 22‏:9. \x* \b \m \s1 ئاق ئاتقا مىنگۈچى \m \v 11 ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. \x + \xo 19:11 \xt ۋەھ. 6‏:2. \x* \v 12 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. \x + \xo 19:12 \xt ۋەھ. 1‏:14. \x* \v 13 ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. \x + \xo 19:13 \xt يەش. 63‏:1؛ يـۇھ. 1‏:1. \x* \v 14 ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. \x + \xo 19:14 \xt مات. 28‏:3؛ ۋەھ. 4‏:4؛ 7‏:9. \x* \v 15 ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر.\f □ \fr 19:15 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 63-باب.\f*  \x + \xo 19:15 \xt زەب. 2‏:9؛ يەش. 63‏:3؛ ۋەھ. 2‏:16،27؛ 14‏:20،19؛ 19‏:21. \x* \m \v 16 ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.\x + \xo 19:16 \xt 1تىم. 6‏:15؛ ۋەھ. 17‏:14. \x* \m \v 17 ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! \x + \xo 19:17 \xt يەر. 12‏:9؛ ئ‍ەز. 39‏:17. \x* \v 18 پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! ــ دېدى.\f □ \fr 19:18 \ft \+bd «پالۋانلارنىڭ..»\+bd* ــ ياكى «قۇدرەتلىكلەرنىڭ...».\f* \b \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم. \v 20 ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. \x + \xo 19:20 \xt قان. 13‏:2؛ دان. 7‏:11؛ مات. 24‏:24؛ ۋەھ. 13‏:16،15،13،12؛ 16‏:14؛ 20‏:10. \x* \v 21 قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى. \b \b \m \c 20 \s1 مەسىھنىڭ يەر يۈزىدىكى مىڭ يىللىق سەلتەنىتى \m \v 1 ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.\x + \xo 20:1 \xt ۋەھ. 1‏:18. \x* \v 2 پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى.\x + \xo 20:2 \xt 2پېت. 2‏:4؛ ۋەھ. 12‏:9. \x* \v 3 ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر.\x + \xo 20:3 \xt ۋەھ. 16‏:16،14؛ 20‏:8. \x* \m \v 4 ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى \f □ \fr 20:4 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەب.» 4:149-9، «1كور.» 2:6-3.\f*  \x + \xo 20:4 \xt ۋەھ. 6‏:9،11؛ 13‏:16،15،12. \x* \v 5 (ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. \m \v 6 دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ.\x + \xo 20:6 \xt يەش. 61‏:6؛ 1پېت. 2‏:9؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10. \x* \b \m \s1 شەيتاننىڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى \m \v 7 مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، \v 8 يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولىدۇ.\f □ \fr 20:8 \ft \+bd «... يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ»\+bd* ــ «گوگ ۋە ماگوگ» توغرۇلۇق: گوگ بەلكىم «ماگوگ»نىڭ بېشى بولۇشى مۇمكىن («ئەز.» 2:38-3نى كۆرۈڭ). شۇبھىسىزكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەجۈج-مەجۈج» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ ئىسىملاردىن چىققانىدى؛ لېكىن «گوگ ۋە ماگوگ» يالماۋۇزدەك بىرخىل مەخلۇق ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئەز.» 1:38-29:39دە، خۇدانىڭ «گوگ ۋە ماگوگ» بىلەن بولغان ئۇرۇشى بېشارەت قىلىنغان. بىراق بىزنىڭچە ئۇ ئۇرۇش «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت» بىلەن باغلىق بولىدۇ؛ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا بولىدىغان، مۇشۇ ئايەتلەردە ئايان قىلىنغان «ئاخىرقى ئۇرۇش» ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇ ئەمەس.\f*  \x + \xo 20:8 \xt ئ‍ەز. 38‏:2؛ 39‏:1؛ ۋەھ. 16‏:14. \x* \v 9 ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ. \f □ \fr 20:9 \ft \+bd «ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار زېمىن (دېمەك قانائان، پەلەستىن)دىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ...» ياكى «ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ...».\f* \v 10 ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ.\x + \xo 20:10 \xt دان. 7‏:11؛ ۋەھ. 14‏:10؛ 19‏:20. \x* \b \m \s1 چوڭ ئاق تەخت ــ ئاخىرقى ھۆكۈم \m \v 11 ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. \v 12 مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. \x + \xo 20:12 \xt مىس. 32‏:32؛ زەب. 62‏:12؛ 69‏:28؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 3‏:5. \x* \v 13 دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. \v 14 ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر. \v 15 كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى. \b \b \m \c 21 \s1 يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن \m \v 1 ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى.\x + \xo 21:1 \xt يەش. 65‏:17؛ 66‏:22؛ 2پېت. 3‏:13. \x* \v 2 مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم.\x + \xo 21:2 \xt ۋەھ. 3‏:12؛ 21‏:10. \x* \v 3 ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. \f □ \fr 21:3 \ft \+bd «شەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «تەختتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز» دېيىلىدۇ. \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 14:7، «يەر.» 7:24، 33:31، «زەك.» 8:8.\f*  \x + \xo 21:3 \xt ئ‍ەز. 43‏:7. \x* \v 4 ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى».\f □ \fr 21:4 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»\+bd* ــ «يەش.» 8:25.\f*  \x + \xo 21:4 \xt يەش. 25‏:8؛ ۋەھ. 7‏:17. \x* \m \v 5 تەختتە ئولتۇرغۇچى: \m ــ مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: \m بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، ــ دېدى.\x + \xo 21:5 \xt يەش. 43‏:19؛ 2كور. 5‏:17؛ ۋەھ. 4‏:2؛ 19‏:9؛ 20‏:11. \x* \v 6 ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ \m «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن.\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر ــ دېمەك، خۇدا باش ۋە ئاخىردۇر.\f*  \x + \xo 21:6 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 55‏:1؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 16‏:17؛ 22‏:13. \x* \m \v 7 غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.\x + \xo 21:7 \xt زەك. 8‏:8؛ ئىبر. 8‏:10. \x* \v 8 لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».\x + \xo 21:8 \xt ۋەھ. 20‏:15،14؛ 22‏:15. \x* \b \m \s1 يېڭى يېرۇسالېم \m \v 9 ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: \m ــ كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، ــ دېدى.\x + \xo 21:9 \xt ۋەھ. 15‏:6، 7. \x* \m \v 10 ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. \f □ \fr 21:10 \ft \+bd «ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 21:10 \xt ئىبر. 12‏:22؛ ۋەھ. 1‏:10؛ 21‏:2. \x* \v 11 ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. \v 12 ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. \v 13 مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. \v 14 شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر.\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «ئەز.» 31:48-34.\f*  \x + \xo 21:14 \xt ئ‍ەف. 2‏:20. \x* \m \v 15 ماڭا سۆز قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭ سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن قومۇش ئۆلچىگۈچ ھاسا بار ئىدى. \x + \xo 21:15 \xt ئ‍ەز. 40‏:3؛ زەك. 1‏:18. \x* \v 16 شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ھاسا بىلەن ئۆلچىدى ــ ئون ئىككى مىڭ ستادىيون كەلدى (ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭدۇر). \f □ \fr 21:16 \ft \+bd «ئون ئىككى مىڭ ستادىيون»\+bd* ــ بىر ستادىيون 185 مېتر بولۇپ، بۇ 2200 كىلومېتردۇر.\f* \v 17 ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ \add قېلىنلىقى\add* ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى. \f □ \fr 21:17 \ft \+bd «سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى»\+bd* ــ «جەينەك» بولسا (ياكى «گەز») جەينەكتىن قولىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق، يەنى يېرىم مېتر؛ دېمەك، سېپىلنىڭ قېلىنلىقى 65 مېترچە ئىدى.\f* \v 18 سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا يېشىل ياقۇتتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. \v 19 شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇللىرى ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل ياقۇت، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، \v 20 بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى. \f □ \fr 21:20 \ft \+bd «قىزىل ھېقىق»\+bd* ــ ياكى «ساردونىكس». \+bd «قىزىل قاشتاش»\+bd* ــ ياكى «ساردىئۇس»، ياكى «پارقىراق قىزىل قاشتېشى». \+bd «سېرىق كۋارتس»\+bd* ــ ياكى «خرىزولىت»، «پېرىدوت». \+bd «سۇس يېشىل ياقۇت»\+bd* ــ ياكى «بېرىل». \+bd «توپاز»\+bd* ــ «توپاز» بولسا سېرىق رەڭلىك بىر ياقۇت. \+bd «يېشىل كۋارتس»\+bd* ــ ياكى «خرىزوپراس». \+bd «پىروزا»\+bd* ــ ياكى «ئامېتىست».\f* \v 21 ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، دېمەك دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى. \m \v 22 شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. \v 23 شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر. \x + \xo 21:23 \xt يەش. 60‏:19؛ زەك. 14‏:7. \x* \v 24 ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇشەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. \f □ \fr 21:24 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 19:60-20، «زەك.» 22:8.\f*  \x + \xo 21:24 \xt يەش. 60‏:3. \x* \v 25 ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى كۈندۈزدە ھەرگىز تاقالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە كېچە زادى بولمايدۇ). \x + \xo 21:25 \xt يەش. 60‏:11؛ ۋەھ. 22‏:5. \x* \v 26 ھەرقايسى ئەللەرنىڭ شانۇشەۋكىتى ۋە ھۆرمەت-ئىززىتى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ.\f □ \fr 21:26 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 5:60-7، «ھاگ.» 7:2.\f* \v 27 ھەرقانداق ھارام نەرسە ۋە ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغۇچى ياكى يالغانچىلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.\x + \xo 21:27 \xt مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 20‏:12. \x* \b \b \m \c 22 \m \v 1 ئاندىن \add پەرىشتە\add* ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ، \f □ \fr 22:1 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «زەب.» 38:36، 4:46، «ئەز.» 1:47-9، «زەك.» 8:14.\f*  \x + \xo 22:1 \xt ئ‍ەز. 47‏:1؛ زەك. 14‏:8. \x* \v 2 شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى.\f □ \fr 22:2 \ft \+bd «ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ ياكى «ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى».\f*  \x + \xo 22:2 \xt ۋەھ. 2‏:7. \x* \v 3 لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. \v 4 ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ.\x + \xo 22:4 \xt ۋەھ. 3‏:12. \x* \v 5 ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.\x + \xo 22:5 \xt يەش. 60‏:19؛ زەك. 14‏:7؛ ۋەھ. 21‏:23. \x* \b \m \s1 ئاخىرقى ئاگاھ-گۇۋاھ \m \v 6 پەرىشتە ماڭا: \m ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى.\f □ \fr 22:6 \ft \+bd «يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلار»\+bd* ــ ياكى «تۇيۇقسىز يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلار». \+bd «بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر 9:19 ۋە 5:21دىمۇ تېپىلىدۇ، شۇ يەردە ئالدىنقى ئىشلارنى (1:21-5) تەستىقلاش ئۈچۈن ئېيتىلغان. ئەمما مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ياكى ھەتتە ياكى پۈتكۈل ئىنجىلنىڭ مەزمۇنىنى ياكى پۈتكۈل تەۋرات-ئىنجىلنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. \+bd «پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە رەب ئەيسانى كۆرسەتسە كېرەك (1:1نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 22:6 \xt ۋەھ. 1‏:1؛ 19‏:9؛ 21‏:5. \x* \b \m \v 7 («مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!»)\f □ \fr 22:7 \ft \+bd «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر رەب ئەيسانىڭ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 22:7 \xt ۋەھ. 1‏:3. \x* \m \v 8 بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم. \v 9 لېكىن ئۇ ماڭا: \m ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى.\x + \xo 22:9 \xt روس. 10‏:26؛ 14‏:14؛ ۋەھ. 19‏:10. \x* \m \v 10 ئۇ ماڭا يەنە: \m ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى. \f □ \fr 22:10 \ft \+bd «بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە»\+bd* ــ ــ مەنىسى بەلكىم، ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق بولسۇن، مەخپىي بولمىسۇن.\f*  \x + \xo 22:10 \xt دان. 8‏:26؛ 12‏:4؛ ۋەھ. 1‏:3. \x* \m \v 11 قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى. \b \m \s1 ئەيسا مەسىھ بىۋاسىتە يۇھانناغا سۆزلەيدۇ \m \v 12 «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.\f □ \fr 22:12 \ft \+bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»\+bd* ــ «يەش.» 10:40، 11:62.\f*  \x + \xo 22:12 \xt زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23. \x* \v 13 مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».\f □ \fr 22:13 \ft \+bd «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر. دېمەك، ئەيسا مەسىھ باش ۋە ئاخىردۇر.\f*  \x + \xo 22:13 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 21‏:6. \x* \b \m \v 14 ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر! \v 15 شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.\x + \xo 22:15 \xt 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ كول. 3‏:5، 6. \x* \b \m \v 16 «مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»\x + \xo 22:16 \xt يەش. 11‏:10؛ رىم. 15‏:12؛ 2پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:1؛ 5‏:5. \x* \b \m \v 17 روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. \m ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. \m ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.\f □ \fr 22:17 \ft \+bd «روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ»\+bd* ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھتۇر. «توي بولىدىغان قىز» دەگەنلىك جامائەتنى كۆرسىتىدۇ. 19-باب 7-، 8-ئايەتلەرگە قارالسۇن.\f*  \x + \xo 22:17 \xt يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 7‏:37. \x* \b \m \s1 خاتىمە \m \v 18 مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. \f □ \fr 22:18 \ft \+bd «مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى»\+bd* ــ «مەنكى» دېگەن سۆز بەزى ئالىملار، 18-19-ئايەتتىكى سۆزلەرنى روسۇل يۇھاننانىڭكى دەپ قارايدۇ. بىراق يۇھاننا ئۆزىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمىگەچكە (9:1نى كۆرۈڭ)، شۇنداقلا 20-ئايەتتە رەب ئۆزى ئېنىق كۆرسىتىلگەچكە بىز سۆزلەرنى رەبنىڭكى، دېگەن پىكىرگە مايىلمىز.\f* \v 19 كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.\x + \xo 22:19 \xt قان. 4‏:2؛ 12‏:32؛ پەند. 30‏:6؛ ۋەھ. 13‏:8؛ 17‏:8. \x* \m \v 20 ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: \b \m ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» \b \m ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!» \b \m \v 21 رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!