\id PSA \h زەبۇر \toc1 زەبۇر \toc2 زەبۇر \toc3 زەب. \mt1 زەبۇر \c 1 \s1 بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى \m \v 1 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، \m گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، \m مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر!\x + \xo 1:1 \xt زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11\x* \m \v 2 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ \m ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.\x + \xo 1:2 \xt قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1\x* \m \v 3 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، \m ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، \m يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ \m ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ»\+bd* ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:3 \xt يەر. 17‏:8\x* \m \v 4 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ \m ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر.\x + \xo 1:4 \xt ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3\x* \m \v 5 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، \m گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. \m \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ \m رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ. \b \b \m \c 2 \s1 2-كۈي •••• خۇدانىڭ مەسىھى بارلىق ئەللەرنى ئىدارە قىلىدۇ \m \v 1 ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ \m نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟»\+bd* ــ زەبۇردىكى كۈيلەردە، «ئەللەر» ياكى «يات ئەللەر» بولسا، ئىسرائىل خەلقىدىن باشقا ھەربىر خەلق-مىللەتنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:1 \xt روس. 4‏:25\x* \m \v 2 دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، \m ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، \m پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ \f □ \fr 2:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى»\+bd* ــ «مەسىھ» مۇشۇ يەردە، كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق زەيتۇن مېيى قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» («مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. «يەشايا» كىتاب، 61-بابتا «مەسىھ قىلىش» دېگەن سۆز بولسا، كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىنىڭ ۋۇجۇدىغا ماي ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئايەتتىمۇ ئوخشاشلا، «مەسىھ» مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنغان ئادەم»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، \m ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، *ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!»\+bd* ــ «ئۇلار» «خۇدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھى»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 4 ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، \m رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛ \m \v 5 ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، \m قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ \m \v 6 «ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، \m ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم».\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «زىئون..، يەنى مۇقەددەس تېغىم..»\+bd* ــ «زىئون تېغى» يېرۇسالېم ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا بۇ تاغ ئۈستىگە قۇرۇلغان. «زىئون» (ياكى «سىئون») ئەسلىدە «كۆرۈنەرلىك» دېگەن مەنىدە. ئۇ خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ھىمايە بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. \+bd «ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم»\+bd* ــ يۇقىرىدىكى 2-ئايەتتىكى، «مەسىھ» توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 خۇدا تەيىنلىگەن مەسىھ-پادىشاھ سۆز قىلىدۇ \m \v 7 «مەن \add ئەرشتىكى\add* پەرماننى جاكارلايمەنكى، \m پەرۋەردىگار ماڭا: ــ \m «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ \m ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛\x + \xo 2:7 \xt روس. 13‏:33؛ ئىبر. 1‏:5؛ 5‏:5\x* \m \v 8 مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، \m تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛\x + \xo 2:8 \xt زەب. 22‏:27؛ 72‏:8\x* \m \v 9 سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ \m ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى».\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن»\+bd* ــ ياكى: «سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى باشقۇرىسەن».\f*  \x + \xo 2:9 \xt ۋەھ. 2‏:27؛ 19‏:15\x* \m \v 10 ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! \m جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛ \m \v 11 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ \m تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تىترەك ئىچىدە ياشاڭلار!».\f* \m \v 12 ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، \m ئۇنى سۆيۈڭلار؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، \m يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ \m ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «ئۇنى (ئوغۇلنى) سۆيۈڭلار»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم «خۇدانىڭ ئوغلى بىلەن ئەپلىشىۋېلىڭلار». \+bd «چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا...»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى تېزلا قوزغىلىدۇ...».\f*  \x + \xo 2:12 \xt زەب. 34‏:8؛ پەند. 16‏:20؛ يەش. 30‏:18؛ يەر. 17‏:7؛ رىم. 9‏:33؛ 10‏:11؛ 1پېت. 2‏:6\x* \b \b \m \c 3 \s1 3-كۈي •••• سەھەردىكى دۇئا \m \v 1 داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، \m مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ!\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 3:1 \xt 2سام. 15،16،17،18\x* \m \v 2 نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ \m «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. \m سېلاھ!\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. \+bd «سېلاھ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 3 بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ \m شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!»\+bd* ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، \m ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. \m سېلاھ. \m \v 5 مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ \m ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ.\x + \xo 3:5 \xt زەب. 4‏:8\x* \m \v 6 مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، \m مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن!\x + \xo 3:6 \xt زەب. 27‏:3\x* \m \v 7 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! \m مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! \m مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ \m رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن! \m \v 8 نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ \m بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! \m سېلاھ!\x + \xo 3:8 \xt پەند. 21‏:31؛ يەش. 43‏:11؛ يەر. 3‏:23؛ ھوش. 13‏:4؛ ۋەھ. 7‏:10؛ 19‏:1\x* \b \b \m \c 4 \s1 4-كۈي •••• كېچىدىكى دۇئا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، \m ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! \m بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ \m ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا!\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى»\+bd* ــ ياكى «باش سازچى». داۋۇت ئىبادەتخانىدا ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كۈيلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس خورچىلار ھەم سازچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. مۇشۇ يەردىكى «باش سازچى» شۈبھىسىزكى شۇلارنى باشقۇرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. داۋۇت باش سازچىنىڭ مۇشۇ كۈينى ئۆز مۇزىكىسى بىلەن ئىبادەتخانىدا ئوقۇشىنى ئورۇنلاشتۇرعان بولسا كېرەك. \+bd «ئى ماڭا ھەققانىيلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئى ھەققانىيلىقىمنىڭ خۇداسى!». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى مەن ئۈچۈن ئادالەتنى سورىغۇچى خۇدا!»\f* \m \v 2 ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟ \m قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، \m يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ \m سېلاھ.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم «يالغان ئىلاھ»لار، يەنى بۇتلار توغرۇلۇق ئېيتىلغان. سۆزلىگۈچىنىڭ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگىنى بولسا، خۇدادۇر. مۇشۇ ئادەملەر ئۇنى سۆيۈپ، ئۇنى ئىزدەشنىڭ ئورنىدا بۇتلارنى ئىزدەيدۇ.\f* \m \v 3 بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، \m پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ \m مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ. \m \v 4 ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛ \m ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ، \m سۈكۈت قىلىڭلار. \m سېلاھ.\x + \xo 4:4 \xt ئ‍ەف. 4‏:26\x* \m \v 5 ھەققانىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى قىلىڭلار، \m ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار.\x + \xo 4:5 \xt قان. 33‏:19؛ زەب. 51‏:16-19\x* \m \v 6 كۆپ خەلق: ــ «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلىسۇن؟» ــ دەپ سورىماقتا؛ \m جامالىڭنىڭ نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشسۇن، ئى پەرۋەردىگار! \m \v 7 ئاشلىق ۋە يېڭى شارابلىرى مولچىلىق بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ، \m مېنىڭ قەلبىمنى بەكرەك خۇشاللىققا تولدۇردۇڭ. \m \v 8 مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛ \m چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار!\x + \xo 4:8 \xt لاۋ. 26‏:5؛ قان. 12‏:10؛ 33‏:28؛ زەب. 3‏:6\x* \b \b \m \c 5 \s1 5-كۈي •••• سەھەردىكى ئۈمىد \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، \m مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن. \m \v 2 كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، \m چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن. \m \v 3 ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ \m مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، \m يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛...»\+bd* ــ «سەھەردە» دېگەن سۆزگە قاراپ بەزى ئالىملار 3-، 4- ھەم 5-كۈيلەر، داۋۇتنىڭ ئابشالومدىن قېچىش جەريانىدىكى ئۈچ كۈن ئىچىدىكى دۇئالىرى، دەپ قارايدۇ (33-كۈيدە «كەچ» ھەم «سەھەر» بار، 4-دە بولسا «كەچ»، 5-دە «سەھەر» بار).\f* \m \v 4 چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛ \m يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ. \m \v 5 پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛ \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر. \m \v 6 يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ \m پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر. \m \v 7 بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ \m ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛ \m \v 8 مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن. \m \v 9 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ \m ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، \m ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، \m ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ.\x + \xo 5:9 \xt زەب. 12‏:2-3؛ 36‏:1-3؛ 52‏:2؛ 62‏:4؛ رىم. 3‏:13\x* \m \v 10 ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛ \m ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛ \m ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛ \m چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى.\x + \xo 5:10 \xt زەب. 7‏:14-15؛ 9‏:15-16؛ 35‏:7-8؛ 59‏:12\x* \m \v 11 شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ \m ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ \m سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ \m سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ. \m \v 12 چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن؛ \m ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قالقان كەبى ئورايسەن. \b \b \m \c 6 \s1 6-كۈي •••• قايغۇ ئىچىدىكى دۇئا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \m پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛ \m قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «سەككىز تارلىق ئارفا»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «سەككىز ئەنلىك كۈي».\f* \m \v 2 ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ \m ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى.\x + \xo 6:2 \xt زەب. 38‏:3\x* \m \v 3 مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ \m ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟ \m \v 4 يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن. \m \v 5 چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ \m تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟»\+bd* ــ «تەھتىسارا» ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېيىلىدۇ).\f* \m \v 6 مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ \m تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ \m ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن. \m \v 7 دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ \m بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ. \m \v 8 ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى.\x + \xo 6:8 \xt مات. 7‏:23؛ 25‏:41؛ لۇقا 13‏:27\x* \m \v 9 پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛ \m پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛ \m \v 10 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛ \m تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ. \b \b \m \c 7 \s1 7-كۈي •••• خۇدا ئۆز ھەققانىيلىقىنى كۆرسەتكەي! \m \v 1‏-2 داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى: ــ كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان كۈيى: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، مەن ساڭا تاياندىم؛ \m ئۇلاردىن بىرى شىردەك مېنى تىتما-تىتما قىلىۋەتمىسۇن، \m قۇتقۇزغۇچى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ مېنى ئېزىۋەتمىسۇن، \m مېنى بارلىق قوغلىغۇچىلاردىن قۇتقۇزغىن، \m ئۇلاردىن خالاس قىلغىن؛\f □ \fr 7:1‏-2 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى»\+bd* ــ «شىگگائون» بەلكىم «دولقۇنلۇق»، «ئوتلۇق»، «ئاشىقلىق بىلەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ سۆز كۈينىڭ ئېيتىلىدىغان ئاھاڭىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى»\+bd* ــ «كۇش» دېگەن كىشى توغرۇلۇق باشقا خەۋىرىمىز يوق. ھېچ بولمىغاندا ئۇ داۋۇتقا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان.\f* \m \v 3 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، \m ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ \m \v 4 ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، \m ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ \f □ \fr 7:4 \ft \+bd «... (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ...»\+bd* ــ «باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...ياكى ماڭا ئازار قىلغۇچىنى بىكاردىن-بىكار بۇلىغان بولسام، ...».\f* \m \v 5 ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، \m ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، \m شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن! \m \v 6 ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، \m مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، \m ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ \m سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ! \m \v 7 خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتىراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ \m سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگىن».\f* \m \v 8 پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ \m ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، \m ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، \m ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن. \m \v 9 ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! \m ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ \m ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى»\+bd* ــ «ئىچلىرى» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 7:9 \xt 1تار. 28‏:9؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ ۋەھ. 2‏:23\x* \m \v 10 مېنىڭ قالقىنىم بولسا، \m دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛ \m \v 11 خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، \m ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛ \m \v 12 بىرسى \add يامان\add* يولىدىن يانمىسا، \m ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، \m يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ. \m \v 13 شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ \m ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى. \m \v 14 مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، \m ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ \m ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر.\x + \xo 7:14 \xt ئايۇپ 15‏:35؛ يەش. 59‏:4\x* \m \v 15 ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ \m ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى.\x + \xo 7:15 \xt ئايۇپ 4‏:8؛ زەب. 9‏:15؛ 10‏:2؛ 35‏:7-8؛ 94‏:13؛ 119‏:85؛ پەند. 5‏:22؛ 26‏:27؛ توپ. 10‏:8\x* \m \v 16 ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، \m ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ. \m \v 17 مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، \m ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن. \b \b \m \c 8 \s1 8-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىنسان بالىسىغا بولغان ئۇلۇغ پىلانى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، \m پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر!\f □ \fr 8:1 \ft \+bd ««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...»\+bd* ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز.\f* \m \v 2 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، \m دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، \m بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن.\x + \xo 8:2 \xt مات. 21‏:16\x* \m \v 3 مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، \m سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، \m \v 4 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، \m ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ \m سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، \m ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟\x + \xo 8:4 \xt ئايۇپ 7‏:17؛ زەب. 144‏:3؛ ئىبر. 2‏:6\x* \m \v 5 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، \m سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ.\f □ \fr 8:5 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن».\f* \m \v 6 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ \m سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن،\x + \xo 8:6 \xt 1كور. 15‏:27\x* \m \v 7 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، \m دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، \m \v 8 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، \m دېڭىزدىكى بېلىقلار، \m دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. \m \v 9 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! \b \b \m \c 9 \s1 9-كۈي •••• خۇدا ئۆز شەرىپى ھەم ئادالىتىنى كۆرسەتكەي! \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ \m مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛\f □ \fr 9:1 \ft \+bd ««مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ»\+bd* ــ «مۇت-لاببەن» بەلكىم «ئوغۇلنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن مەنىدە.‬‮‭\f* \m \v 2 مەن سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ \m سېنىڭ نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئى ھەممىدىن ئالىي! \m \v 3 مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ كەينىگە يېنىشلىرى بولسا، \m دەل ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىدارىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، يوقىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. \m \v 4 چۈنكى سەن مېنىڭ ھەققىم ھەم دەۋايىمنى سورىدىڭ؛ \m سەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ھەققانىيلارچە سوتلىدىڭ. \m \v 5 سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، رەزىللەرنى ھالاك قىلدىڭ؛ \m سەن ئۇلارنىڭ نامىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتكەنسەن. \m \v 6 ئى دۈشمىنىم! ھالاكەتلىرىڭ مەڭگۈلۈك بولدى! \m سەن شەھەرلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىڭ، \m ھەتتا ئۇلارنىڭ ناملىرىمۇ يوقاپ كەتتى؛ \m \v 7 بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ \add ھۆكۈم سۈرىدۇ\add*؛ \m ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛ \m \v 8 ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ \m خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛\x + \xo 9:8 \xt زەب. 96‏:13؛ 98‏:9\x* \m \v 9 ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، \m شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر.\x + \xo 9:9 \xt زەب. 37‏:39؛ 46‏:1-3؛ 91‏:1-2\x* \m \v 10 نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ \m چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن. \m \v 11 زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! \m ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛ \m \v 12 چۈنكى \add تۆكۈلگەن\add* قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، \m ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، \m خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس. \m \v 13 ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، \m مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، \m مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛ \m \v 14 شۇنداق قىلغاندا مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ، \m ساڭا تەئەللۇق بارلىق مەدھىيىلەرنى جاكارلايمەن؛ \m مەن نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشۇڭدا شادلىنىمەن.\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «... مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ،... »\+bd* ــ «زىئون قىزى» يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 15 ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، \m ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى.\x + \xo 9:15 \xt زەب. 7‏:16؛ پەند. 5‏:22\x* \m \v 16 پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ \m رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. \m خىگگائون ــ سېلاھ.\f □ \fr 9:16 \ft \+bd «خىگگائون ــ سېلاھ»\+bd* ــ «خىگگائون» بەلكىم «سېغىنىپ ئويلىنىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ شۇنداقلا يەنە بەلكىم: ــ «مۇزىكا پەس ئاۋازلىق بولۇشى كېرەك» دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 رەزىللەر، \m يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، \m ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 9:17 \ft \+bd «...ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ «تەھتىسارا» توغرۇلۇق 6-كۈي، 5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر«نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 18 چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ \m مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ. \m \v 19 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇرغىن؛ \m ئادەم بالىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغىن؛ \m ھۇزۇرۇڭ ئالدىدا بارلىق ئەللەر سوتلانسۇن. \m \v 20 ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! \m سېلاھ! \b \b \m \c 10 \s1 10-كۈي •••• ــ -10كۈي -9كۈي داۋامى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ \m نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟\f □ \fr 10:1 \ft \+bd «نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟»\+bd* ــ 10-كۈينىڭ 9-كۈي بىلەن سىرلىق ئالاقىسى بار؛ -9-كۈي ھەم 10-كۈيدىكى ئايەتلەر ئىبرانىي تىلىدا ئالاھىدە شەكىلگە ئىگە. ئىبرانىي يېزىقىدا 22 ھەرپ بار. بۇ ئىككى كۈيدىكى تاق ئايەتلەرنىڭ ھەربىرى ئىبرانىي ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن يېڭى ھەرپ بىلەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى بولسا، ئا-، ئە-، ب- قاتارلىق ھەرپلەر بىلەن باشلانغانغا ئوخشاش). 9-كۈي ھەم 10-كۈينى بىر-بىرىگە باغلىغاندا، تولۇق «ئېلىپبەلىك نۇسخا» پەيدا بولىدۇ. كېيىن مۇشۇنداق كۈينى «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي دەپ ئاتايمىز.\f* \m \v 2 رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئاجىزلار ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرى بىلەن ئىلىنىپ قالىدۇ».\f*  \x + \xo 10:2 \xt زەب. 7‏:16؛ 9‏:15-16؛ پەند. 5‏:22\x* \m \v 3 چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛ \m ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ \m پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ.\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئاچ كۆزلەر ئادەمنى تىللاپ، پەرۋەردىگارنى چەتكە قاقىدۇ».\f* \m \v 4 ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، \m خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ \m ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ.\x + \xo 10:4 \xt زەب. 14‏:1-3؛ 53‏:1-3\x* \m \v 5 ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛ \m سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ. \m \v 6 \add رەزىل ئادەم\add* كۆڭلىدە: «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن! \m دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ. \m \v 7 ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛ \m تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ.\x + \xo 10:7 \xt رىم. 3‏:14\x* \m \v 8 ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ \m ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ \m كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛ \m \v 9 ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛ \m ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛ \m مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ. \m \v 10 \add يوقسۇللار\add* ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛ \m دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ.\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ»\+bd* ــ «ياۋۇزلۇقلىرى» بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، شىرنىڭ كۈچلۈك پۇتلىرىنى ياكى چىشلىرىنى ۋە ياكى ئوۋچىلارنىڭ تورلىرىنى (9-ئايەت) كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 11 ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، \m ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ \m بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ يۈزىنى يېپىپ قارىمايدۇ» ياكى «ئۇ يۈزىنى يوشۇرۇپ قارىمايدۇ»\f*  \x + \xo 10:11 \xt زەب. 64‏:5؛ 73‏:11؛ 94‏:7\x* \m \v 12 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛ \m ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما! \m \v 13 رەزىل ئادەم نېمىشقا \add سەن\add* خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟ \m ئۇ كۆڭلىدە: «\add خۇدا\add* بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ. \m \v 14 سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ \m سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، \m ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ \m دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ \m چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛ \m \v 15 رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛ \m ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقايسەن. \m \v 16 پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛ \m \add ئىمانسىز\add* ئەللەر بولسا \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* زېمىنىدىن يوقىلار.\f □ \fr 10:16 \ft \+bd «ئىمانسىز ئەللەر بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن يوقىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەللەر» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يولىنى رەت قىلىدىغان يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ زېمىنى». خۇدانىڭ بۇ زېمىنى بولسا، ئىسرائىلغا مىراس قىلغان قانائان زېمىنى (پەلەستىن)دۇر.\f*  \x + \xo 10:16 \xt زەب. 29‏:10؛ 93‏:1؛ 145‏:13؛ 146‏:10؛ يەر. 10‏:10؛ يىغ. 5‏:19؛ دان. 3‏:33؛ 6‏:27؛ 1تىم. 1‏:17\x* \m \v 17‏-18 پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ \m ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ \m يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، \m يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ \add ئاجىز-مۆمىنلەرگە\add* قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، \m قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن.\x + \xo 10:17‏-18 \xt يەش. 57‏:1\x* \b \b \m \c 11 \s1 11-كۈي •••• «قېنى، قاچمامسەن؟» \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: \b \m پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛ \m ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ! \m \v 2 چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ، \m قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ، \m ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛ \m \v 3 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا، \m ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..»\+bd* ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 4 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، \m پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ \m ئۇ نەزەر سالىدۇ، \m ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ.\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ»\+bd* ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى».\f* \m \v 5 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ \m رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ. \m \v 6 ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛ \m پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ»\+bd* ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.\f* \m \v 7 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ \m ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛ \m كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ. \b \b \m \c 12 \s1 12-كۈي •••• رەزىل دۇنيادىن ساقلاش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛ \m ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ...»\+bd* ــ «شېمىنىتش» بەلكىم، «سەككىز تارلىق ساز» ياكى «سەككىز نوتىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 2 ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ \m خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ. \m \v 3 پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، \m ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي! \m \v 4 ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ \m لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ \m كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ. \m \v 5 «ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، \m مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، \m ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن».\f □ \fr 12:5 \ft \+bd «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى «تۈفى!» دەپ مازاق قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىمەن»\f* \m \v 6 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ \m ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، \m ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر.\x + \xo 12:6 \xt 2سام. 22‏:31؛ زەب. 18‏:30؛ 19‏:8؛ 119‏:140؛ پەند. 30‏:5\x* \m \v 7 سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ \m سەن \add مۆمىنلەرنى\add* مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن»\+bd* ــ «ئۇلار» 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئېزىلگەنلەر» ۋە «مىسكىنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 \add چۈنكى\add* رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، \m پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا! \b \b \m \c 13 \s1 13-كۈي •••• قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟ \m سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟ \m قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ \m \v 2 قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟ \m قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟ \m \v 3 ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم! \m ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە، \m كۆزۈمنى يورۇتقايسەن، \m \v 4 دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن، \m رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن، \m \add كۆزۈمنى يورۇتقايسەن\add*! \m \v 5 بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛ \m يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛ \m \v 6 مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ \m چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى. \b \b \m \c 14 \s1 14-كۈي •••• قاراڭغۇ دۇنيا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. \m ئۇلار چىرىكلىشىپ، \m يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ \m ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛\x + \xo 14:1 \xt زەب. 10‏:4؛ 53‏:1-3؛ رىم. 3‏:10\x* \m \v 2 پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: \m «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ \m خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ \m \v 3 ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، \m ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، \m مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. \m \v 4 ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان بۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. \m ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. \m \v 5 مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ \m چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر. \m \v 6 «سىلەر ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدىنى يوق قىلماقچى بولىسىلەر؛ \m بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!»\f □ \fr 14:6 \ft \+bd «بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!». بىزنىڭچە «بىراق» توغرا كېلىدۇ ــ دېمەك، خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ بوزەك قىلىنغىنىغا قاراپ، ئۇلارنى قوغلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «گەرچە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھى بولسا!»\f* \m \v 7 ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! \m پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن چىقىرىپ، \m ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، \m ياقۇپ شادلىنىدۇ، \m ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ!\f □ \fr 14:7 \ft \+bd «ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ!»\+bd* ــ «ئىسرائىل» توغرۇلۇق ــ ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇغان بولسا، ئېسىدە بولىدۇكى، خۇدا ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن. يەھۇدىي خەلقى (ئىسرائىللار) ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە ياكى زەبۇردا «ياقۇپ» ياكى «ئىسرائىل» ئادەتتە يەھۇدىيلار، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېكىست ھەزرىتى ياقۇپ (ئىسرائىل)نىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئىزاھات بېرىمىز.\f* \b \b \m \c 15 \s1 15-كۈي •••• كىم خۇدا ئالدىدا تۇرالايدۇ؟ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟ \m كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟ \m \v 2 كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، \m ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، \m كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛\x + \xo 15:2 \xt زەب. 24‏:4؛ يەش. 33‏:15\x* \m \v 3 تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا، \m ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا، \m قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا، \m \v 4 پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، \m پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، \m ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە، \m \v 5 پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، \m بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ \m كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، \m مەڭگۈگە تەۋرەنمەس. \b \b \m \c 16 \s1 16-كۈي •••• ئاخىرەتكىچە خۇداغا باغلىغان چەكسىز ئۈمىد \m \v 1 داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: \b \m مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى، \m چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن.\f □ \fr 16:1 \ft \+bd «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى»\+bd* ــ «مىختام» بەزى ئالىملارنىڭ پەرزىچە «ئۈنسىز دۇئا» ياكى «يوشۇرۇن گۆھەر» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 2 مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛ \m سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى.\f □ \fr 16:2 \ft \+bd «سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ــ «مېنىڭ ياخشىلىقىم (ھەرگىز) سېنىڭكىگە يەتمەيدۇ».\f*  \x + \xo 16:2 \xt ئايۇپ 22‏:2؛ 35‏:7؛ رىم. 11‏:35\x* \m \v 3 يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، \m ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، \m ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر. \m \v 4 كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا، \m ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. \m غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن، \m ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن. \m \v 5 پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ \m چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛\f □ \fr 16:5 \ft \+bd «پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر»\+bd* ــ خۇدانىڭ «ئۆز خەلقىنىڭ مىراسى» بولغانلىقى توغرۇلۇق «يار.» 1:15، «چۆل.» 20:18، «زەب.» 26:73نى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. \+bd «چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن»\+bd* ــ ئىسرائىللار يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى ئىگىلىگەن ۋاقتىدا، ھەر قەبىلىنىڭ، ھەر ئائىلىنىڭ تەئەللۇقى چەك تاشلاش بىلەن بېكىتىلگەن («يە.» 18-19-باب). مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇن بويىچە، بۇ تەئەللۇقات بولسا مەڭگۈگە مۇشۇ ئائىلە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 16:5 \xt يىغ. 3‏:24\x* \m \v 6 \add نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن\add* سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ \m بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر!\f □ \fr 16:6 \ft \+bd «نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر»\+bd* ــ يۇقىرىقى 5-ئايەتتىكى چەك بەلگىلىگەن جاي سىزىقلار بىلەن بېكىتىلگەن. داۋۇت بەلكىم مۇشۇ سۆزلەرنى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىپ: «ھاياتىم ۋە تۇرمۇشۇمنى ھەر جەھەتتىن خۇدا ياخشى بېكىتكەن» ــ دېمەكچى بولسا كېرەك.\f* \m \v 7 ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ \m ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ.\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ»\+bd* ــ «ۋىجدانىم» ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرىم» دېگەن سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f* \m \v 8 مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ \m ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، \m مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.\x + \xo 16:8 \xt روس. 2‏:25\x* \m \v 9 شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، \m مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، \m مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛\f □ \fr 16:9 \ft \+bd «مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ «روھىم» ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 10 چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، \m شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن.\f □ \fr 16:10 \ft \+bd «چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن»\+bd* ــ تەۋرات ۋە ئىنجىل بويىچە، «دوزاخ» ياكى «جەھەننەم» پەقەتلا ئاخىرەت كۈنىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ روھى بىر ئورۇنغا، يەنى «تەھتىسارا»غا بارىدۇ. مەسىھ ئەيسا كرېستكە مىخلانغاندىن كېيىن، «تەھتىسارا»دا چوڭ بىر ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ يەردە بىز ئۇ توغرۇلۇق توختالمايمىز. بىراق مۇشۇ ئايەتتە، داۋۇت پەيغەمبەر «مەسىھ» (قۇتقۇزغۇچى)نىڭ گۆردە تۇرماي تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭ»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، «مۇقەددەس» «ئۇلۇغ» ئەمەس، بەلكى «مۇتلەق پاك»، «خۇداغا خاس»، «پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتالغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «مۇقەددەس بولغۇچىڭ» چوقۇم مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشنى كۆرگۈزمەيسەن». دېمەك، گۆرگە قويۇلغان بولسىمۇ، تېنى چىرىمايدۇ (تېز تىرىلدۈرۈلىدۇ).\f*  \x + \xo 16:10 \xt روس. 2‏:31؛ 13‏:35\x* \m \v 11 سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ \m ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ \m ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر. \b \b \m \c 17 \s1 17-كۈي •••• تەكەببۇرلارنىڭ بېسىمىدىن قۇتقۇزغايسەن! \m \v 1 داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ــ \m ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ \m مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، \m ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس. \m \v 2 ھۇزۇرۇڭدىن ھۆكۈمۈم چىقىرىلغاي! \m كۆزۈڭ نېمە دۇرۇس ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەي! \m \v 3 سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، \m سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ \m سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، \m مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ \m كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم. \m \v 4 ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، \m لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم. \m \v 5 مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، \m پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن. \m \v 6 مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، \m چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ \m ماڭا قۇلاق سالغىن، \m سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن. \m \v 7 ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، \m كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن!\f □ \fr 17:7 \ft \+bd «ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن!»\+bd* ــ «ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ» ئەسلىدە كۆپلۈك شەكلىدە «ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭلار».\f* \m \v 8 مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ \m قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛ \m \v 9 مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، \m مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛ \m \v 10 ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن؛ \m ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تەكەببۇرلارچە سۆزلەيدۇ؛\f □ \fr 17:10 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن...»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن تەكەببۇرلۇقى، باشقىلارغا ھېچ كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 11 ئۇلار يولىمىزنى تورىۋېلىپ، \m بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ، \f □ \fr 17:11 \ft \+bd «بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ،...»\+bd* ــ ياكى «مېنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ،...».\f* \m \v 12 ئولجىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن شىردەك، \m يوشۇرۇن جايلاردا ماراپ يۈرىدىغان ياش شىردەكتۇر. \m \v 13 ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، \m ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن، \m جېنىمنى رەزىل ئادەمدىن قۇتقۇزغىن، قىلىچىڭ بىلەن؛ \m \v 14 \add مېنى\add* ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، \m يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ \m ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ \m سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ \m ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، \m بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ. \m \v 15 مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ \m ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن!\f □ \fr 17:15 \ft \+bd «...ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن!»\+bd* ــ «ئويغانغىنىمدا» ئۆلۈمدىن ئويغىنىپ، تىرىلگەندە، دېمەك.\f* \b \b \m \c 18 \s1 18-كۈي •••• ئالەمچە قۇتقۇزۇش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ــ \b \m ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، \m مەن سېنى سۆيىمەن! \m \v 2 پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! \m مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ \m ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر!\f □ \fr 18:2 \ft \+bd «مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نىجاتلىقىمنىڭ مۈڭگۈزى».\f* \m \v 3 مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، \m شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ \m \v 4 ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، \m ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛\f □ \fr 18:4 \ft \+bd «ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىخلاسسىزلارنىڭ قىيان-تاشقىنلىرى مېنى قورقىتىۋەتتى».\f* \m \v 5 تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، \m ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. \m \v 6 قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، \m خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ \m ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، \m مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، \m ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. \m \v 7 شۇ چاغ يەر-زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى، \m تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ \m چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى.\f □ \fr 18:7 \ft \+bd «...تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى...»\+bd* ــ بۇ كۈيدىكى سۆزلەر تەدرىجىي ھالدا داۋۇتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن ئايرىلىپ، داۋۇتنىڭ بولغۇسى ئەۋلادى مەسىھنىڭ ھاياتىغا ئۆتىدۇ. كۈيدە مەسىھنىڭ ھاياتى، جاپا-مۇشەققەت تارتىدىغانلىقى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ شان-شەرەپكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە پۈتكۈل ئالەمگە پادىشاھ بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. دېمەك، بۇ كۈينىڭ ئۆزى ئۇلۇغ بىر بېشارەتتۇر.\f* \m \v 8 ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، \m ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ \m ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛\f □ \fr 18:8 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى تۇتاشتۇرۇلدى».\f* \m \v 9 ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى، \m پۇتى ئاستى تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. \m \v 10 بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى، \m شامالنىڭ قاناتلىرىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كەلدى.\f □ \fr 18:10 \ft \+bd «بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى»\+bd* ــ «كېرۇب» ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل قاناتلىق پەرىشتە. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى، \m سۇلارنىڭ قاراڭغۇسىنى، \m ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، \m ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. \m \v 12 ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن، \m قويۇق بۇلۇتلار، مۆلدۈر، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ \m \v 13 پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى، \m مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن. \m \v 14 بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، \add دۈشمەنلىرىمنى\add* تارقىتىۋەتتى؛ \m چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-چۇقانغا سالدى؛\f □ \fr 18:14 \ft \+bd «ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، دۈشمەنلىرىمنى تارقىتىۋەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى». 17-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، \m ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، \m تەنبىھىڭ بىلەن، \m دىمىغىڭدىن چىققان نەپەسنىڭ زەربىسى بىلەن، ئى پەرۋەردىگار. \b \m \v 16 ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ \m مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. \m \v 17 ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، \m ھەم ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى؛ \m چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. \m \v 18 كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ \m بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. \m \v 19 ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ \m ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. \m \v 20 پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ \m قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ \m \v 21 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ \m رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ \m \v 22 چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ \m مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزۈمدىن نېرى قىلمىدىم؛ \m \v 23 مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، \m ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم؛ \m \v 24 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، \m كۆز ئالدىدىكى قولۇمنىڭ ھالاللىقىغا قاراپ، قىلغانلىرىمنى قايتۇردى.\f □ \fr 18:24 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدىكى قولۇمنىڭ ھالاللىقىغا قاراپ، قىلغانلىرىمنى قايتۇردى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ 19-24-ئايەتلەردە مەسىھنىڭ پاك-غۇبارسىزلىقى، گۇناھسىزلىقى بېشارەت قىلىنىدۇ. داۋۇت ئۆزى توغرۇلۇق بۇ سۆزلەرنى ھەرگىز دېيەلمەيتتى. مەسىلەن، 25-كۈي، 7-ئايەت ۋە 51-كۈينى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ \m غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ \m \v 26 ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ \m تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ \m \v 27 چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ \m بىراق تەكەببۇر كۆزلەرنى شەرمەندە قىلىسەن؛ \m \v 28 چىرىغىمنى جۇلالىق قىلغان سەندۇرسەن؛ \m پەرۋەردىگار خۇدايىم مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ \m \v 29 چۈنكى سەن ئارقىلىق \add دۈشمەن\add* قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ \m سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم.\f □ \fr 18:29 \ft \+bd «سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم»\+bd* ــ «يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم» دېگەن سۆزلەر «بۆسۈپ ئۆتتۈم» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 30 تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ \m ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. \m \v 31 چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ \m بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىممۇ قورام تاشتۇر؟ \m \v 32 يەنى بېلىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئورىغۇچى تەڭرى، \m يولۇمنى تۈپتۈز، مۇكەممەل قىلغۇچى تەڭرىدۇر؛ \m \v 33 ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك \add ئۇچقۇر\add* قىلىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ؛ \m \v 34 قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، \m شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ \m \v 35 سەن ماڭا نىجاتلىقىڭ بولغان قالقاننى ئاتا قىلدىڭ، \m نېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىدى؛ \m سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. \m \v 36 سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، \m مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. \m \v 37 مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يەتتىم؛ \m ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. \m \v 38 قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، \m ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. \m \v 39 سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ \m سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ \m \v 40 دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ، \m شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. \m \v 41 ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ \m ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. \m \v 42 مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ \m كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم. \m \v 43 سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ \m سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلغانسەن؛ \m ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا.\f □ \fr 18:43 \ft \+bd «سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ بېشارەتتە ئېيتىلغان «خەلق» داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۆز قوۋمى بولغان يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 44 سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ \m يات ئەلدىكىلەر ماڭا بىچارىلەرچە تەسلىم بولىدۇ؛ \m \v 45 يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ \m \v 46 پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! \m مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن! \m نىجاتلىقىم بولغان خۇدا \add ھەممىدىن\add* ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! \m \v 47 ئۇ، مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، \m خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغان \add خۇدادۇر\add*؛ \m \v 48 ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزغان؛ \m بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ \m زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. \m \v 49 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ \m \v 50 \add پەرۋەردىگار\add* ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور نۇسرەتلەرنى بېغىشلايدۇ؛ \m ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، \m يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f □ \fr 18:50 \ft \+bd «ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، *يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە...»\+bd* ــ «مەسىھ قىلغىنى» يەنى «مەسىھ» توغرۇلۇق 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 19 \s1 19-كۈي •••• ئالەم ھەم تەۋرات خۇدانىڭ شەرىپىدۇر! \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ، \m ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛ \m \v 2 ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ \m كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ.\f □ \fr 19:2 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار» ئەرشلەر ۋە ئاسمان گۈمبىزىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ»\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كۈن باشقا بىر كۈنگە گەپلىرىنى تۆكىدۇ، كېچە باشقا بىر كېچىگە سۆز قىلماقتا».\f* \m \v 3 تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى \add ئالەمگە\add* ئاڭلانماقتا.\f □ \fr 19:3 \ft \+bd «تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئالەمدە ھەرقانداق بىر تىل ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ».\f* \m \v 4 ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛ \m ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە. \m ئۇلارنىڭ ئىچىدە \add خۇدا\add* قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن،\f □ \fr 19:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا»\+bd* ــ بۇ «ئۆلچەم تانىسى» بەلكىم ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر-ئويلىرىنى ئۆلچىگۈچى بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 19:4 \xt رىم. 10‏:18\x* \m \v 5 \add قۇياش\add* ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ، \m بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛\x + \xo 19:5 \xt توپ. 1‏:5\x* \m \v 6 ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ، \m جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ، \m ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ. \m \v 7 پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، \m ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ \m پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، \m ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ.\f □ \fr 19:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر»\+bd* ــ «تەۋرات-قانۇن» تووغرۇلۇق: «تەۋرات» (توراھ) ئىبرانىي تىلى بولۇپ، مۇشۇ يەردە «قانۇن، تەلىم، يوليورۇق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. «تەۋرات قانۇنى» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنىڭ قانۇن-پەرمانلىق مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 19:7 \xt 2سام. 22‏:31؛ زەب. 18‏:30\x* \m \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، \m ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، \m ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ.\f □ \fr 19:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى روشەندۇر» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى پاكتۇر».\f* \m \v 9 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، \m ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر. \m \v 10 ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ \m ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛\x + \xo 19:10 \xt زەب. 119‏:72،103،127؛ پەند. 8‏:11 \x* \m \v 11 ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ \m ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر. \m \v 12 كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟ \m مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛ \m \v 13 ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛ \m بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن، \m ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن. \m \v 14 ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم، \m ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي!\f □ \fr 19:14 \ft \+bd «ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم»\+bd* ــ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق: ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى كەمبەغەل بولۇپ، ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا ئاساسەن، مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرى بۇ كىشىنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلماقچى بولسا، ئۇنى قۇتقۇزالايتتى. ھوقۇقنى ئىشلىتىش «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. بىرسى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنىغا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توسالمايتتى. \fp شۇڭا پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن پات-پات دەل مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆز بەندىسىگە ياكى خەلقىگە «ھەمجەمەت»لىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ «گوئېل»ى، يەنى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»سى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن، ئەلۋەتتە!\f* \b \b \m \c 20 \s1 20-كۈي •••• ئىسرائىل خەلقى خۇدا مەسىھ قىلغان پادىشاھنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي! \m ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!\f □ \fr 20:1 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!»\+bd* ــ «ياقۇپنىڭ خۇداسى» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدە «ياقۇپ» ھەم ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئۆزىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىققان ئىسرائىل خەلقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي، \m زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛ \m \v 3 بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي، \m كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي! \m سېلاھ! \m \v 4 كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي، \m كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. \m \v 5 بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز، \m خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛ \m پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ \m مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. \m \v 6 ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ \m مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.\f □ \fr 20:6 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنى»\+bd* ــ يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى؛ مۇشۇ يەردە داۋۇتنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ كۈي بىر بېشارەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، \m بەزىلەر ئاتلارغا \add تايىنىدۇ\add*؛ \m بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛ \m \v 8 ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ \m بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز. \m \v 9 ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ \m نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!\f □ \fr 20:9 \ft \+bd «ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ \fp «ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن! \fp بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»\f* \b \b \m \c 21 \s1 21-كۈي •••• خۇدا تىكلىگەن پادىشاھ توغرۇلۇق بىر كۈي \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛ \m غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ! \m \v 2 سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ، \m لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن. \m سېلاھ! \m \v 3 چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛ \m ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ. \m \v 4 ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ، \m يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ. \m \v 5 ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ \m سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ. \m \v 6 سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ \m دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇ ۋەدە: «سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن ... سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە ۋە قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دېيىلىدۇ («يار.» 1:12-3دە خاتىرىلەنگەن). \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەرنى بېكىتتىڭ».\f* \m \v 7 چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ. \m \v 8 سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ \m ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛\f □ \fr 21:8 \ft \+bd «سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ... ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ...»\+bd* ــ 8-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلىك سۆزلەر بىۋاسىتە پادىشاھقا ئېيتىلغان بولسا كېرەك. روشەنكى، بۇ ئايەتلەر پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 9 سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ \m پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ \m ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. \m \v 10 ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، \m نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛ \m \v 11 چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ \m ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، \m ئەمما غەلىبە قىلالمىدى. \m \v 12 چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛ \m سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن. \m \v 13 ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز. \b \b \m \c 22 \s1 22-كۈي •••• ئەڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتتە قىلغان دۇئا •••• بېشارەتلىك كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ \m سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ \m نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن،\f □ \fr 22:1 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەر ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ كۈيدە ئېيتىلغان شۇنچىۋالا ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقان ئەمەس. شۇڭا شۈبھىسىزكى، داۋۇت ئۆزىدىن كېيىنكى بىرسىنىڭ تارتىدىغان ئازابلىرىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. ئوقۇرمەنلەر بۇ ئازابلارنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقى توغرۇلۇق ئۆزلىرى خۇلاسىگە كەلسۇن. \+bd ««ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت)»\+bd* ــ بەزى ئالىملار: «تاڭ سەھەردىكى چىشى جەرەن» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بۇ بەلكىم كۈينىڭ تېمىسىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ئاھاڭىنىڭ نامى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 22:1 \xt مات. 27‏:46؛ مار. 15‏:34\x* \m \v 2 خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛ \m كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن.\f □ \fr 22:2 \ft \+bd «كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن»\+bd* ــ ياكى «كېچىدىمۇ مەن پەرياد قىلسام، بىراق ئارام تاپمايمەن»\f*  \x + \xo 22:2 \xt مات. 27‏:45\x* \m \v 3 بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى، \m سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن! \m \v 4 ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان، \m ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان. \m \v 5 ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛ \m ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس.\x + \xo 22:5 \xt زەب. 25‏:2-3؛ 31‏:1؛ يەش. 49‏:23؛ رىم. 9‏:33\x* \m \v 6 بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، \m ئىنسان تەرىپىدىن \add تۆھمەت بىلەن\add* رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، \m خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن.\f □ \fr 22:6 \ft \+bd «مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قۇرت» «كوككۇس ئىلىكۇس» (قىزىل قۇرت) دېگەن قۇرتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قۇرتنىڭ چىشىسى تۇخۇملىغاندا ئۆزىنى دەرەخكە چاپلاشتۇرۇپ، سالغان تۇخۇملىرىنى ئۆز بەدىنى بىلەن قوغدايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆلگۈچە چاپلاشقان يەردىن مىدىرلىماي تۇرىدۇ. ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭدىن قىپقىزىل بىر سۇيۇقلۇق چىقىپ، ھەممە ئەتراپىنى قىزىل قىلىدۇ. ئادەملەر بۇ قىزىل سۇيۇقلۇقنى بوياق ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىشلار مەسىھ ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشىغا بېشارەت بولمامدۇ؟\f*  \x + \xo 22:6 \xt يەش. 41‏:14\x* \m \v 7 مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ، \m باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ: \x + \xo 22:7 \xt مات. 27‏:39\x* \m \v 8 «ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! \m ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! \m پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، \m ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ.\x + \xo 22:8 \xt مات. 27‏:43\x* \m \v 9 بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ \m ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ \m \v 10 تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ \m ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن.\x + \xo 22:10 \xt يەش. 49‏:1\x* \m \v 11 مەندىن يىراقلاشما؛ \m چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛ \m ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر. \m \v 12 نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛ \m باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى؛\f □ \fr 22:12 \ft \+bd «باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى»\+bd* ــ پەلەستىننىڭ باشان رايونىدىكى بۇقىلار يوغان، كۈچلۈك ئىدى. بۇ يەردە يامان ئادەملەر ھەم ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان يامان جىن-روھلارنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 13 ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، \m ئاغزىلىرنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ. \m \v 14 مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، \m ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ \m يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، \m ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى. \m \v 15 قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، \m تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، \m سەن \add پەرۋەردىگار\add* مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن.\x + \xo 22:15 \xt يـۇھ. 19‏:28\x* \m \v 16 غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، \m بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، \m مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى.\x + \xo 22:16 \xt مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ لۇقا 23‏:33؛ يـۇھ. 19‏:23،37؛ 20‏:25\x* \m \v 17 سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن، \m \add ئۇستىخانلىرىم\add* ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. \m \v 18 ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، \m كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ.\f □ \fr 22:18 \ft \+bd «كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «چاپىنىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ».\f*  \x + \xo 22:18 \xt لۇقا 23‏:34؛ يـۇھ. 19‏:24\x* \m \v 19 بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما! \m ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! \m \v 20 جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن، \m مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن.\f □ \fr 22:20 \ft \+bd «مېنىڭ يالغۇز جېنىم»\+bd* ــ ياكى «مېنىڭ كىچىك جېنىم» ياكى «مېنىڭ قىممەتلىك جېنىم». سۆزلىگۈچى ئېغىر يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.\f* \m \v 21 مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛ \m شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن!\f □ \fr 22:21 \ft \+bd «...ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن!»\+bd* ــ «ياۋا كالا» ھازىر نەسلى قۇرۇغان. ئۇلار ئەسلى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئادەتتىكى كالىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ئىدى. مۇشۇ يەردە «ياۋا كالىلار» ئەشەددىي رەزىل ئادەملەرگە ياكى جىن-شەيتانلارغا سىمۋول بولىدۇ.\f* \m \v 22 مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ \m چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛\x + \xo 22:22 \xt ئىبر. 2‏:12\x* \m \v 23 پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! \m ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار! \m ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.\f □ \fr 22:23 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى»\+bd* ــ ئىسرائىل خەلقى، ئەلۋەتتە. \+bd «ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى»\+bd* ــ خۇدا ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئىسرائىل قوۋمىنىڭ ئەجدادى» بولغان.\f* \m \v 24 چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، \m ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ \m ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ \m بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، \m ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان. \m \v 25 چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر، \m خۇدادىن ئەيمەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىچكەن قەسەملىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛\f □ \fr 22:25 \ft \+bd «چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى «چوڭ جامائەتتە مېنىڭ مەدھىيىلىرىمنىڭ تېمىسى سەندىن چىققاندۇر...» ياكى «چوڭ جامائەتتە مېنىڭ ساڭا مەدھىيىلەرنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىم سەندىن چىققاندۇر...».\f*  \x + \xo 22:25 \xt زەب. 18‏:49؛ 35‏:18؛ 52‏:9؛ 111‏:1\x* \m \v 26 ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛ \m پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ؛ \m سىلەرنىڭ قەلبىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ!\f □ \fr 22:26 \ft \+bd «ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ»\+bd* ــ «تاماقلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز مۇشۇ يەردە ھېيت قۇربانلىقلىرىدىن ياكى «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى» («رەھمەت قۇربالىقلىرى»)دىن تاماقلىنىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 22:26 \xt قان. 4‏:29؛ زەب. 69‏:32؛ 149‏:4؛ يەش. 25‏:6؛ زەف. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:26\x* \m \v 27 زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛ \m ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛\x + \xo 22:27 \xt زەب. 2‏:8؛ 72‏:10-11؛ 86‏:9\x* \m \v 28 چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛ \m ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر. \m \v 29 جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ \m تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛\f □ \fr 22:29 \ft \+bd «جاھاندىكى بايلارمۇ ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «جاھاندىكى سېمىزلەرمۇ...» ــ كۆچمە مەنىسى «بايلار» بولۇشى مۇمكىن. \+bd «تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ھەم بايلار ھەم مىسكىنلەر (كۈيدە بېشارەت بېرىلگەن ئىشلار تۈپەيلىدىن) خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ.\f* \m \v 30 كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ \m بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ.\x + \xo 22:30 \xt يەش. 53‏:8، 10؛ يەش. 8‏:18‏: زەب.89‏:29؛ مات. 1‏:1؛ يۇھ 12‏:24؛ رىم. 5‏:18، 19؛ 1پېت. 2‏:9\x* \m \v 31 كېيىن ئۇلار كېلىپ، شۇ چاغدا تۇغۇلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى جاكارلاپ شۇنى ئېلان قىلىدۇكى، \m «ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى!»\x + \xo 22:31 \xt زەب. 52‏:9؛ 102‏:18؛ لۇقا 24‏:46، 47؛ رىم. 3‏:22-25\x* \b \b \m \c 23 \s1 23-كۈي •••• پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر! •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، \m موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛\f □ \fr 23:1 \ft \+bd «بۇ ئۇلۇغ كۈي توغرۇلۇق ئىزاھات»\+bd* ــ پەلەستىندىكى قويلار بىلەن پادىچىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن. ئۇ ئۇلار بىلەن كېچە-كۈندۈز بىللە بولىدۇ، ئۇلارغا ئىسىم قويىدۇ. يېڭى يايلاققا كۆچكەندە، پادىچى قويلارنىڭ بېشىدا مېڭىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ بېشى تىكەنلىكتە يارىلىنىپ قالسا، پادىچى ماي بىلەن سۈرۈپ «مەسىھ قىلىدۇ»؛ بەزى پادىچىلار ھەتتا ئامراق قويلىرىغا ئالاھىدە قەدەھتىن شاراب ئىچۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 23:1 \xt يەش. 40‏:11؛ يەر. 23‏:4؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ يـۇھ. 10‏:11؛ 1پېت. 2‏:25؛ ۋەھ. 7‏:17\x* \m \v 2 ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛ \m تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛ \m \v 3 ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛ \m ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛\f □ \fr 23:3 \ft \+bd «ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ»\+bd* ــ «يېڭىلايدۇ» ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز «توۋىغا قايتۇرىدۇ» ياكى «توۋا قىلدۇرىدۇ» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 4 ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، \m ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ \m چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ \m سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر.\x + \xo 23:4 \xt زەب. 3‏:6؛ 118‏:6\x* \m \v 5 مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛ \m مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛ \m قەدەھىم تاشىدۇ؛ \m \v 6 بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛ \m مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!\f □ \fr 23:6 \ft \+bd «بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «بارلىق كۈنلىرىمدە ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولغان ئۆزگەرمەس شەپقەت نېمىدىگەن ياخشى!». \+bd «مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!»\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھى» ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە». داۋۇت بۇ كۈينى يازغاندا يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانا تېخى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.\f* \b \b \m \c 24 \s1 24-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسى \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛ \m ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرىۋاتقانلارمۇ؛\x + \xo 24:1 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ ئايۇپ 41‏:3؛ زەب. 50‏:12؛ 1كور. 10‏:26،28\x* \m \v 2 چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، \m يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر. \m \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟ \m ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ \x + \xo 24:3 \xt زەب. 15‏:1؛ يەش. 33‏:14،15\x* \m \v 4 ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ، \m قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان، \m يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. \f □ \fr 24:4 \ft \+bd «قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان»\+bd* ــ «قۇرۇق نەرسىلەر» بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، \m ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە \add ئۇنى\add* كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛\f □ \fr 24:5 \ft \+bd «... تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىككى پېئىل ئىبرانىي تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 6 بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر، \m يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ \add خۇداسى\add*! \m سېلاھ!\f □ \fr 24:6 \ft \+bd «...يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر بولغان ياقۇپتىن ئىبارەتتۇر».\f* \m \v 7 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! \m \add كەڭ ئېچىلىڭلار\add*! \m ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! \m شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!\f □ \fr 24:7 \ft \+bd «ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا قوۋۇقلار ئېچىلغاندا يۇقىرىدىن كۆتۈرۈلەتتى.\f* \m \v 8 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ \m ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! \m پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! \m \v 9 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! \m كەڭ ئېچىلىڭلار! \m ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! \m شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! \m \v 10 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ \m ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر! \m سېلاھ! \b \b \m \c 25 \s1 25-كۈي •••• يېتەكلەش ۋە باشپاناھ بولۇش ھەققىدە دۇئا •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: \b \m پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛\f □ \fr 25:1 \ft \+bd «-25كۈي توغرۇلۇق ئىزاھات»\+bd* ــ -25-كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» بىر كۈي. كۈيدە 22 ئايەت بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا ئالاھىدە شەكىلگە ئىگە. ئىبرانىي يېزىقىدا 22 ھەرپ بار. كۈيدىكى 22 ئايەتنىڭ ھەربىرى ئىبرانىي ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن يېڭى ھەرپ بىلەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا ھەرپلەر ئا-، ئە-، ب- تەرتىپىدە باشلانغانغا ئوخشاش). بىز بۇنداق كۈيلەرنى «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» دەپ ئاتايمىز.\f* \m \v 2 ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ \m مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ \m ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛\x + \xo 25:2 \xt زەب. 22‏:4-5؛ 31‏:1؛ 34‏:5\x* \m \v 3 بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ \m بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ.\x + \xo 25:3 \xt يەش. 28‏:16؛ رىم. 10‏:11\x* \m \v 4 مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن.\x + \xo 25:4 \xt زەب. 27‏:11؛ 86‏:11؛ 119‏:33\x* \m \v 5 مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ \m چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ \m مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛ \m \v 6 ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! \m چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛\x + \xo 25:6 \xt زەب. 103‏:17؛ 106‏:1؛ 107‏:1؛ 117‏:2؛ 136؛ يەر. 33‏:11\x* \m \v 7 مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، \m شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m \v 8 پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ \m شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ. \m \v 9 مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ \m مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ. \m \v 10 ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، \m پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر. \m \v 11 ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، \m قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، \m سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن. \m \v 12 كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، \m خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا \add ھەقىقەتنى\add* ئۆگىتىدۇ؛ \m \v 13 ئۇنىڭ جېنى ئازادە-ياخشىلىقتا ياشايدۇ، \m ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ. \m \v 14 پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ \m ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. \m \v 15 مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ. \m \v 16 ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ \m چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن. \m \v 17 كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ \m مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن. \m \v 18 دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، \m بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! \m \v 19 مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، \m چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ \m ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. \m \v 20 جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ \m چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم. \m \v 21 كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ \m چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن.\f □ \fr 25:21 \ft \+bd «چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ساڭا تەلمۈرۈپ قارايمەن».\f* \m \v 22 ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! \b \b \m \c 26 \s1 26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ \m مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ \m مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن.\f □ \fr 26:1 \ft \+bd «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».\f*  \x + \xo 26:1 \xt زەب. 7‏:8\x* \m \v 2 مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ \m ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛\f □ \fr 26:2 \ft \+bd «ۋىجدانىم»\+bd* ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 3 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ \m مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. \m \v 4 مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ \m ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن.\x + \xo 26:4 \xt ئايۇپ 31‏:5؛ زەب. 1‏:1\x* \m \v 5 يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ \m رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. \m \v 6 قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ \m شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. \m \v 7 ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ \m بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. \m \v 8 ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، \m شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ \m \v 9 جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، \m ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ \m \v 10 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، \m ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. \m \v 11 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ \m مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، \m ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.\f □ \fr 26:11 \ft \+bd «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن»\+bd* ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ \m جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن. \b \b \m \c 27 \s1 27-كۈي •••• خۇدانى كۈتكىن! \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ \m مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ \m پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ \m مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ \x + \xo 27:1 \xt يەش. 10‏:17؛ 60‏:19،20؛ مىك. 7‏:8؛ لۇقا 1‏:79؛ يـۇھ. 1‏:4؛ 8‏:12؛ ۋەھ. 21‏:23\x* \m \v 2 يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، \m رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، \m پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار. \m \v 3 زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، \m قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ \m ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن. \m \v 4 پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ \m مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ \m ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، \m پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، \m ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن.\f □ \fr 27:4 \ft \+bd «...ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، ... ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا «خۇدانىڭ ئۆيى»، يەنى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» تېخى سېلىنمىغانىدى (ئوغلى سۇلايمان كېيىن ياسىدى). ئىبادەتخانا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ياسالغان «مۇقەددەس چېدىر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» دېگىنى بەلكىم روھىي جەھەتتىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆز ھۇزۇر-دەرگاھىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.\f* \m \v 5 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ \m مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. \m ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ. \m \v 6 شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. \m ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ \m ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا! \m \v 7 نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن. \m \v 8 ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ \m دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن. \m \v 9 مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن! \m غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛ \m سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛ \m سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا!\f □ \fr 27:9 \ft \+bd «مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن!».\f* \m \v 10 ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، \m پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ. \f □ \fr 27:10 \ft \+bd «ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ،...»\+bd* ــ داۋۇت سائۇل پادىشاھ تەرىپىدىن قوغلانغان. سائۇل ئۇنى «جىنايەتچى» دەپ ھېسابلىغان چاغلىرىدا، داۋۇت ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن بىر مەزگىل چەتكە قېقىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. تەۋرات «1سام.» 21-، 22-بابنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m كۈشەندىلىرىم \add پايلاپ يۈرمەكتە\add*، \m مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن.\x + \xo 27:11 \xt زەب. 25‏:4-5، 9، 12؛ 86‏:11؛ زەب. 119\x* \m \v 12 مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، \m چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، \m ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر. \m \v 13 ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدە كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...! \m \v 14 پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! \m جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! \m شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن!\x + \xo 27:14 \xt يەش. 25‏:9؛ 33‏:2؛ ھاب. 2‏:3\x* \b \b \m \c 28 \s1 28-كۈي •••• پەرۋەردىگارغا تايىنىش \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ \m ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ \m چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، \m مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن.\x + \xo 28:1 \xt زەب. 30‏:3؛ 35‏:22؛ 143‏:7\x* \m \v 2 ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، \m سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، \m مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن!\f □ \fr 28:2 \ft \+bd «سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە»\+bd* ــ «كالامخانا» مۇقەددەس چېدىردىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نى كۆرسىتىدۇ. نېمىشقا مۇشۇ يەردە «ئەڭ مۇقەددەس جاي» «كالامخانا» دېيىلىدۇ؟ سەۋەبى، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىچىدە «ئەھدە ساندۇقى» ياتىدۇ، «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە خۇدا ئىسرائىل بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامە (خۇدانىڭ سۆز-كالامى) ساقلاقلىق ئىدى.\f* \m \v 3 مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛ \m ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ، \m كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر.\x + \xo 28:3 \xt زەب. 12‏:1-2؛ يەر. 9‏:7\x* \m \v 4 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ، \m ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛ \m قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛ \m تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن. \m \v 5 چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى، \m نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ، \m \add پەرۋەردىگار\add* ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ. \m \v 6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛ \m چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان. \m \v 7 پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ \m مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، \m شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ \m شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، \m ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن. \m \v 8 پەرۋەردىگار ئۆز \add خەلقىنىڭ\add* كۈچىدۇر، \m شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر.\f □ \fr 28:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ... مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر»\+bd* ــ خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى»: ــ (1) خۇدا ئىسرائىللار ئۈستىگە تىكلىگەن پادىشاھ؛ (2) ئاخىردا ئۇ دۇنياغا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرستىدۇ. «مەسىھ» توغرۇلۇق 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلار ھەم «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 9 ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، \m مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛ \m ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن، \m مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن.\f □ \fr 28:9 \ft \+bd «ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛...»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئۆز خەلقى دەل ئۆزىنىڭ مىراسى ئىكەنلىكى مۇقەددەس كىتابتا كۆپ يەرلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 29 \s1 29-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسى \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر، ئى قۇدرەتلىك بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى، \m پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر!\f □ \fr 29:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر،... پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر!»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەنىسى چوقۇم شۇكى، خۇدانىڭ خەلقى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغاچقا، شۇنداقلا مەدھىيە ئوقۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى (شۇنداقلا ئۆز شان-شەرىپىنى) كۆرسىتىشىگە شارائىت بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 29:1 \xt زەب. 96‏:7، 8\x* \m \v 2 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛ \m پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار! \m \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ.\x + \xo 29:3 \xt مىس. 9‏:23\x* \m \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛ \m \v 5 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرىۋېتىدۇ؛ \m بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرىۋېتىدۇ. \m \v 6 ئۇ ئۇلارنى موزاي ئويناقلاۋاتقاندەك ئويناقلىتىدۇ؛ \m ياۋا كالىنىڭ بالىسى ئويناقلاۋاتقاندەك، ئۇ لىۋان ۋە سىرىئون تېغىنى ئويناقلىتىدۇ.\f □ \fr 29:6 \ft \+bd «سىرىئون تېغى»\+bd* ــ لىۋاننىڭ ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى، يەنە بىر نامى «ھەرمون».\f* \m \v 7 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ؛\f □ \fr 29:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ئوت يالقۇنلىرىنى يىرتىۋېتىدۇ». بىراق ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، چاقماقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛\f □ \fr 29:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ»\+bd* ــ «لىۋان تاغلىرى» (6-ئايەت) ــ قانائان (پەلەستىن)نىڭ شىمال تەرىپى، «قەدەشتىكى چۆل-جەزىرە» ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپى.\f* \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ، \m ئورمانلىقلارنى يالىڭاچلايدۇ؛ \m ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا بولغان ھەممىسى «شانۇ-شەۋكەت!» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ. \f □ \fr 29:9 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ماراللارغا ئوغلاقلارنى تۇغدۇرغۇزىدۇ».\f* \m \v 10 پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ \m بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.\f □ \fr 29:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ»\+bd* ــ «توپان» بەلكىم نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى توپاننى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە بولۇپ، دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 11 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە قۇدرەتنى بەخش ئېتىدۇ؛ \m ئۆز خەلقىنى ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن بەرىكەتلەيدۇ. \b \b \m \c 30 \s1 30-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ كېرىلىپ كەتكەنلىكىنى جازالاپ، ئاندىن ساقايتىشى \m \v 1 مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار، \m چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، \m دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ. \m \v 2 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، \m سەن مېنى ساقايتتىڭ. \m \v 3 ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، \m ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. \m \v 4 پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، \m ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار.\x + \xo 30:4 \xt زەب. 97‏:12\x* \m \v 5 چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، \m شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ \m يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، \m خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ. \m \v 6 مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم. \m \v 7 پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛ \m ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛ \m مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛ \m \v 8 مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m مەن \add سەن\add* رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ \m \v 9 ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ \m توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟\f □ \fr 30:9 \ft \+bd «مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟»\+bd* ــ داۋۇتنىڭ كېسىلى (2- ھەم 3-ئايەتنى كۆرۈڭ) بەلكىم بىر يارىدىن بولغانمۇ، ياكى ئۆزىنىڭ قاناش كېسىلى بارمىدى؟\f* \m \v 10 ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ \m ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن! \m \v 11 سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ \m \add ھازىلىق\add* بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، \m ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛ \m \v 12 شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، \m ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! \m ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن! \f □ \fr 30:12 \ft \+bd «شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي،...»\+bd* ــ «روھىم» بۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 31 \s1 31-كۈي •••• بېسىم ئاستىدا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m سەن پەرۋەردىگارنى، مەن باشپاناھ قىلدىم؛ \m مېنى ھېچقاچان يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ \m ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى ئازاد قىلىپ قۇتقۇزغايسەن؛\x + \xo 31:1 \xt زەب. 22‏:4-5؛ 25‏:2، 3؛ 71‏:1، 2؛ يەش. 49‏:23\x* \m \v 2 ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ \m ماڭا قورام تاش، \m ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن. \m \v 3 چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛ \m شۇڭا ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى يېتەكلىگەيسەن، مېنى باشلىغايسەن. \m \v 4 ماڭا يوشۇرۇن سېلىنغان تۇزاقتىن قەدەملىرىمنى تارتقايسەن؛ \m چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. \m \v 5 مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ \m سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى.\x + \xo 31:5 \xt لۇقا 23‏:46\x* \m \v 6 يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛ \m مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن. \m \v 7 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ \m چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ \m جېنىمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ. \m \v 8 مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ، \m بەلكى پۇتلىرىمنى كەڭرى جايغا تۇرغۇزدۇڭ. \m \v 9 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، \m چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ \m دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، \m جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق.\f □ \fr 31:9 \ft \+bd «...جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق»\+bd* ــ ياكى «جېنىم، ئىچىممۇ شۇنداق».\f* \m \v 10 ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن، \m يىللىرىم غەم-غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. \m گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، \m ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى. \m \v 11 مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم، \m يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ \m تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ \m كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ. \x + \xo 31:11 \xt ئايۇپ 19‏:13؛ زەب. 38‏:11\x* \m \v 12 ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛ \m پۇچۇق چىنىدەك بولۇپ قالدىم. \m \v 13 چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم، \m ۋەھىمە تەرەپ-تەرەپلەردە تۇرىدۇ؛ \m ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، \m جېنىمنى ئېلىشقا قەست قىلىشىۋاتىدۇ. \m \v 14 بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم. \m \v 15 مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ \m مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن. \m \v 16 قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن. \m \v 17 ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ \m چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ \m رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ \m ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛ \m \v 18 يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! \m ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە! \m \v 19 ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ، \m يەنى ئۆزۈڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن، ساقلىغان ئىلتىپات-نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر!\x + \xo 31:19 \xt يەش. 64‏:3؛ 1كور. 2‏:9\x* \m \v 20 سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ \m سەن ئۇلارنى تىل-ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن. \m \v 21 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن! \m چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى! \f □ \fr 31:21 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى! »\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار، مەسىلەن «زۇلمەتلىك بىر شەھەردە» دېگەننىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. بىزنىڭچە داۋۇت سائۇل پادىشاھنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قاچقاندا، يات يۇرتلاردا مۇساپىر بولغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەۋاتىدۇ. مەسىلەن، «1سام.» 21-، 27-بابنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 22 چۈنكى مەن دەككە-دۈككىدە ھودۇقۇپ: ــ \m سېنى، مېنى كۆزىدىن چىقىرىپ قويدىمىكىن، دەپ قورققانىدىم؛ \m ھالبۇكى، مەن نالە كۆتۈرۈپ يېلىنغىنىمدا، پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ. \m \v 23 پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى! \m پەرۋەردىگار ئۆزىگە سادىقلارنى قوغدايدۇ، \m ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ! \m \v 24 ئى پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر، \m جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە قىلىنسۇن!\x + \xo 31:24 \xt زەب. 27‏:14\x* \b \b \m \c 32 \s1 31-كۈي •••• گۇناھنى ئېتىراپ قىلىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم سوراش؛ •••• خۇدا جاۋابەن بېشارەت بېرىدۇ \m \v 1 داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ \b \m ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، \m گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى بەختلىكتۇر!\f □ \fr 32:1 \ft \+bd «داۋۇت يازغان «ماسقىل»»\+bd* ــ «ماسقىل» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم؛ بەزى ئالىملار ئۇنى «تەربىيىلىك» بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنى بەزىلەر ئۇنى «ماھىرلىق بىلەن ئېيتىلسۇن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 32:1 \xt رىم. 4‏:6، 7\x* \m \v 2 پەرۋەردىگار رەزىللىكلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، \m روھىدا ھېچقانداق ھىيلىلىك يوق كىشى بەختلىكتۇر! \m \v 3 مەن \add گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي\add*، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، \m كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە، \m سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛ \m \v 4 چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ \m يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. \m سېلاھ!\f □ \fr 32:4 \ft \+bd «سېلاھ!»\+bd* ــ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. زەبۇردىكى ھەربىر كۈي ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان ۋاقىتتا، «سېلاھ» بەلكىم پەدىدىكى بىردەم توختاشنى (پائۇز) كۆرسىتىپ، «توختا، ئويلان» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.\f* \m \v 5 ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، \m قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛ \m مەن: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» ــ دېدىم، \m شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. \m سېلاھ!\x + \xo 32:5 \xt زەب. 38‏:18؛ 51‏:3؛ پەند. 28‏:13؛ 1يۇھ. 1‏:9\x* \m \v 6 شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، \m ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن! \m چوڭ توپانلار ئۆرلەپ، تېشىپ كەتكەندە، \m \add سۇلار\add* شۇ كىشىگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ.\f □ \fr 32:6 \ft \+bd «شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن!»\+bd* ــ «شۇڭا» دېگەن مۇشۇ مۇھىم سۆز خۇدانىڭ كەچۈرۈمىنى ئىزدىگەن ئادەمگە ئۈمىد بېرىشى كېرەك (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). \+bd «چوڭ توپانلار ئۆرلەپ تېشىپ كەتكەندە، سۇلار شۇ كىشىگە يېقىنلاشمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ئوقۇرمەنلەرگە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكى توپاننى ئەسلىتىدۇ. توپان كېلىشتىن بۇرۇن خۇدانى ئىزدىگەنلەر ئۈچۈن «خۇدانى تاپالايدىغان پەيت» بولىدۇ؛ لېكىن توپان بېسىپ كەلگەندىن كېيىن خۇدانى ئىزدەيدىغان ھېچقانداق پۇرسەت قالمايدۇ.\f* \m \v 7 سەن مېنىڭ دالدا جايىمدۇرسەن؛ \m سەن مېنى زۇلۇمدىن ساقلايسەن؛ \m ئەتراپىمنى نىجاتلىق ناخشىلىرى بىلەن قاپلايسەن! \m سېلاھ.\x + \xo 32:7 \xt زەب. 27‏:5؛ 31‏:20\x* \m \v 8 ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ \m مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.\f □ \fr 32:8 \ft \+bd «مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن...»\+bd* ــ (1) خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى ھەردائىم كۆزىدە تۇتىدۇ؛ (2) قەدىمدە پادىشاھلار خىزمەتچىلىرىگە پەقەت كۆز ئىشارىتى بىلەنلا يول كۆرسىتەتتى.\f* \m \v 9 ئەقلى يوق بولغان ئات ياكى ئېشەكتەك بولما؛ \m ئۇلارنى چەكلەشكە تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولمىسا، \m ئۇلار ھەرگىز ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ».\x + \xo 32:9 \xt پەند. 26‏:3؛ ياق. 3‏:3\x* \m \v 10 رەزىللەرگە چۈشۈدىغان قايغۇ-ھەسرەتلەر كۆپتۇر، \m بىراق مېھىر-شەپقەتلەر پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشىنى چۆرىدەيدۇ؛ \m \v 11 ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛ \m كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار! \b \b \m \c 33 \s1 33-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى جاھانغا تولغان \m \v 1 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! \m مەدھىيىلەش دۇرۇسلار ئۈچۈن گۈزەل ئىشتۇر.\x + \xo 33:1 \xt زەب. 92‏:1؛ 135‏:3؛ 147‏:1\x* \m \v 2 راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار؛ \m ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈيلەرنى ئېيتىڭلار.\f □ \fr 33:2 \ft \+bd «راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار»\+bd* ــ «راۋاب» بۇ ئايەتتە ھەم زەبۇردىكى باشقا ئايەتلەردە ئىشلىتىلگەندە، «راۋاب» دېگەن سۆز راۋابقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سازنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈيلەرنى ئېيتىڭلار»\+bd* ــ «ئونتار» ئون تارلىق چىلتاردەك بىر ساز.\f* \m \v 3 ئۇنىڭغا ئاتاپ يېڭى بىر مۇناجات-ناخشىنى ئېيتىڭلار؛ \m ماھىرلىق بىلەن چېلىپ، ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى ياڭرىتىڭلار.\x + \xo 33:3 \xt زەب. 40‏:3؛ 96‏:1؛ 98‏:1؛ 144‏:9؛ يەش. 42‏:10؛ ۋەھ. 5‏:9؛ 14‏:3\x* \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر؛ \m ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ۋەدىلىرىگە ساداقەتلىكتۇر. \m \v 5 ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛ \m يەر-زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن تولغاندۇر.\x + \xo 33:5 \xt زەب. 45‏:7؛ 119‏:64؛ ئىبر. 1‏:9\x* \m \v 6 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان، \m ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەپەس بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇيارىتىلغاندۇر؛\f □ \fr 33:6 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ (ئاسمانلارنىڭ) بارلىق قوشۇنلىرى»\+bd* ــ بىر تەرەپتىن قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 33:6 \xt يار. 1‏:6، 7\x* \m \v 7 ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ \m ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛\f □ \fr 33:7 \ft \+bd «ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى كۈپلەرگە يىغىدۇ». \+bd «ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى سىرلىق بولغىنى بىلەن، خۇدانىڭ سۇلارنى تولۇق ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىدىن ھېچقانداق شۈبھە يوق.\f* \m \v 8 پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ \m دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛ \m \v 9 چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ \m ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى. \m \v 10 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ \m ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.\x + \xo 33:10 \xt يەش. 19‏:3\x* \m \v 11 پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ \m قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن-دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.\x + \xo 33:11 \xt پەند. 19‏:21؛ 21‏:30؛ يەش. 46‏:10\x* \m \v 12 «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر! \m يەنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر!\x + \xo 33:12 \xt زەب. 65‏:4؛ 144‏:15\x* \m \v 13 پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، \m ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. \m \v 14 تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛ \m \v 15 ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛ \m ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دەڭسەپ چىققۇچىدۇر. \m \v 16 پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛ \m پالۋان ئۆزىنىڭ زور كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ \m \v 17 تولپارغا تايىنىپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر، \m ئۇ زور كۈچى بىلەن ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ \m \v 18‏-19 مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، \m قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، \m پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، \m ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.\x + \xo 33:18‏-19 \xt ئايۇپ 36‏:7؛ زەب. 34‏:15؛ 1پېت. 3‏:12\x* \m \v 20 بىزنىڭ جېنىمىز پەرۋەردىگارغا تەلمۈرىدۇ؛ \m بىزنىڭ ياردەمچىمىز، \m بىزنىڭ قالقىنىمىز ئۇ بولىدۇ. \m \v 21 شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز شادلىنىپ كېتىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تايىنىپ ئىشەندۇق. \m \v 22 ئى پەرۋەردىگار، بىز ساڭىلا ئۈمىد باغلىغىنىمىزدەك، \m سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭمۇ ئۈستىمىزدە بولغاي! \b \b \m \c 34 \s1 34-كۈي •••• خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا مەدھىيە •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \m (داۋۇت ئابىمەلەك \add پادىشاھنىڭ\add* ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، \add ئابىمەلەك\add* ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) \b \m |א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ \m ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.\f □ \fr 34:1 \ft \+bd « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ»\+bd* ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). \+bd «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن»\+bd* ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش».\f*  \x + \xo 34:1 \xt 1سام. 21‏:13\x* \m \v 2 |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، \m مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. \m \v 3 |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، \m بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. \m \v 4 |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، \m ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، \m مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. \m \v 5 |ה| \add مۆمىنلەر\add* ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ \m |ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. \m \v 6 |ז| \add مەن\add* پېقىر-بىچارە \add ئۇنىڭغا\add* نىدا قىلدى، \m پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. \m \v 7 |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، \m ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.\f □ \fr 34:7 \ft \+bd ««پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» \+bd*\+bdit ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى»\+bdit*» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بەزى ئىشلاردا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 7:16-14، 18-بابنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 8 |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، \m ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! \m \v 9 |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! \m چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. \m \v 10 |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، \m ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.\x + \xo 34:10 \xt ئايۇپ 4‏:11\x* \m \v 11 |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ \m مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. \m \v 12 |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ \m كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟\x + \xo 34:12 \xt 1پېت. 3‏:10\x* \m \v 13 |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، \m لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ \m \v 14 |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ \m ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.\f □ \fr 34:14 \ft \+bd «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...»\+bd* ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».\f* \m \v 15 |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، \m ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛\x + \xo 34:15 \xt ئايۇپ 36‏:7؛ زەب. 33‏:18؛ 1پېت. 3‏:12\x* \m \v 16 |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، \m ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ \m \v 17 |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، \m پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ \m \v 18 |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، \m روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.\f □ \fr 34:18 \ft \+bd «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 34:18 \xt 2تىم. 3‏:11\x* \m \v 19 |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ \m بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.\x + \xo 34:19 \xt 2تىم. 3‏:12\x* \m \v 20 |ש| \add ئۇ ھەققانىينىڭ\add* سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، \m ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ.\x + \xo 34:20 \xt يـۇھ. 19‏:36\x* \m \v 21 |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ \m ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. \m \v 22 |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ \m ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.\f □ \fr 34:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ»\+bd* ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \b \m \c 35 \s1 35-كۈي •••• زىيانكەشلىك ھەم ئاھانەتتە قالغاندا قىلغان دۇئا \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ \m ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن! \m \v 2 قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛ \m ماڭا ياردەمگە ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ \m \v 3 نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛ \m مېنىڭ جېنىمغا: «مەن سېنىڭ نىجاتلىقىڭدۇرمەن!» ــ دېگەيسەن! \m \v 4 مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ \m ماڭا قەست ئەيلىگەنلەر كەينىگە ياندۇرۇلۇپ رەسۋا بولغاي.\x + \xo 35:4 \xt زەب. 40‏:14؛ 70‏:2-3\x* \m \v 5 ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي! \x + \xo 35:5 \xt ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ يەش. 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3\x* \m \v 6 ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، \m پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي! \m \v 7 چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛ \m جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى. \m \v 8 ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي، \m ئۆزى يوشۇرۇن قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشكەي، \m ھالاكەتكە يىقىلغاي. \m \v 9 ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، \m ئۇنىڭ نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ! \m \v 10 مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم: ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، \m ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، \m ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن». \m \v 11 ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، \m خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا. \m \v 12 ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، \m مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى! \m \v 13 لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، \m بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ \m ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ \m ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى!\f □ \fr 35:13 \ft \+bd «... ئۇلار كېسەل بولغاندا، *بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم»\+bd* ــ «بۆز كىيىم»نى كىيىۋېلىش (ھازا تۇتقاندەك) ئۆزى ياكى باشقىلار ئۈچۈن قاتتىق دۇئا قىلىشنىڭ بىرخىل ئىپادىسى ئىدى. \+bd «... دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى!»\+bd* ــ بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى بەلكىم: ــ (1) خۇدا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ (كېسەل ئادەم ساقايمىدى)، بىراق دۇئا قىلغۇچىنى بەرىكەتلىدى؛ ياكى (2) دەرۋەقە كېسەل ئادەم ساقايدى، بىراق قېرىشقاندەك دۇئا قىلغۇچىغا زىيانكەشلىك قىلدى. بىزنىڭچە 2-ئىمكانىيەت توغرىدۇر.\f* \m \v 14 مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، \m مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم. \m \v 15 بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، \m ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، \m بىر يەرگە جەم بولدى؛ \m دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، \m بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. \m ئۇلار مېنى پارە-پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى. \m \v 16 خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، \m ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى.\f □ \fr 35:16 \ft \+bd «خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە خۇددى ئەزۋەيلەپ مازاق قىلغۇچى ئەخلاقسىزلاردەك،...».\f* \m \v 17 ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ \m جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، \m مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى \add مۇشۇ\add* يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن! \m \v 18 زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \m نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن.\x + \xo 35:18 \xt زەب. 40‏:9،10؛ 111‏:1\x* \m \v 19 يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ \m مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن!\x + \xo 35:19 \xt يـۇھ. 15‏:25\x* \m \v 20 ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، \m زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە-ئىغۋا توقۇماقتا. \m \v 21 ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ: \m «ۋاي-ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ. \m \v 22 ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ \m ئى رەب، مەندىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇرمىغايسەن؛ \m \v 23 قوزغالغايسەن، \m مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، \m ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم! \m \v 24 مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ \m ئۇلارنى مېنىڭ \add ئوڭۇشسىزلىقىمدىن\add* شادلاندۇرمىغايسەن! \m \v 25 ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ \m ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن. \m \v 26 مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ \m مېنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى خىجالەت ۋە نومۇسسۇزلۇق بولسۇن! \m \v 27 مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! \m ئۇلار ھەمىشە: «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي.\f □ \fr 35:27 \ft \+bd «مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! ئۇلار ھەمىشە: «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەر مۇشۇ ئايەتتە بەلكىم ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان، ئۆز ئەجدادى بولغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ.\f* \m \v 28 شۇ چاغدا مېنىڭ تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ، مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ. \b \b \m \c 36 \s1 36-كۈي •••• گۇناھكار ئىنسان ۋە خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ \m «ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!».\f □ \fr 36:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ، داۋۇتنىڭ كۈيى».\f* \m \v 2 چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى، \m ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 36:2 \ft \+bd «ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ بەلكىم ئۇ ئۆزىنى ئالدىماقچى بولۇپ: «مېنىڭ گۇناھىم ئانچە ئېغىر ئەمەس»، دېمەكچى. تولۇق ئايەتنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ يىرگىنچلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز ئۆزىنى ماختايدۇ».\f* \m \v 3 ئاغزىدىكى سۆزلەر قەبىھلىك ۋە ھىيلىگەرلىكتۇر؛ \m پەزىلەتلىك ئىش قىلىش پاراسىتىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن مەھرۇمدۇر. \m \v 4 ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ \m ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ \m يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ. \m \v 5 ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ \m ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ!\x + \xo 36:5 \xt زەب. 57‏:10؛ 108‏:4\x* \m \v 6 ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، \m ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. \m ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛ \m \v 7 سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! \m شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ. \m \v 8 ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ \m سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن. \m \v 9 چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ \m نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز. \m \v 10 ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى، \m كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن. \m \v 11 تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛ \m رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛ \m \v 12 مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلدى! \m غۇلىتىۋېتىلدى، ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ! \b \b \m \c 37 \s1 37-كۈي •••• ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەقدىرى •••• «ئېلىپبە تەرتىپلىك» كۈي \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m |א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، \m ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما.\x + \xo 37:1 \xt پەند. 23‏:17؛ 24‏:1\x* \m \v 2 چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، \m يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ. \m \v 3 |ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، \m زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان.\f □ \fr 37:3 \ft \+bd «ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋاپالىق-سادىقلىققا ئىنتىلگىن».\f* \m \v 4 «پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، \m ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ. \m \v 5 |ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ \m ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم \add تىلىكىڭنى\add* ئىجابەت قىلىدۇ.\x + \xo 37:5 \xt زەب. 22‏:9-10؛ 55‏:22؛ پەند. 16‏:3؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1پېت. 5‏:7\x* \m \v 6 |ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، \m ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ. \m \v 7 |ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ \m ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، \m يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. \m \v 8 |ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، \m ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ \m ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. \m \v 9 چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ \m پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، \m زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. \m \v 10 |ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. \m \v 11 بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، \m ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.\x + \xo 37:11 \xt مات. 5‏:5\x* \m \v 12 |ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ \m \v 13 لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ \m چۈنكى \add رەب\add* ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ. \m \v 14 |ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، \m يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، \m رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، \m ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. \m \v 15 لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، \m ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ. \m \v 16 |ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، \m كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. \m \v 17 چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ \m لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛ \m \v 18 |י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. \m \v 19 ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ \m قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ. \m \v 20 |כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلار تۈگەيدۇ؛ \m ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ.\f □ \fr 37:20 \ft سس باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قوزىلارنىڭ يېغىدەك كۆيۈپ كېتىدۇ».\f* \m \v 21 |ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ \m ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ \m \v 22 چۈنكى \add پەرۋەردىگار\add* رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، \m بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ \m \v 23 |מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ \m \add رەب\add* ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. \f □ \fr 37:23 \ft \+bd «رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ (مەردانە كىشى) ئۇنىڭ (يەنى، رەبنىڭ) يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ».\f* \m \v 24 ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ. \m \v 25 |נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ \m لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، \m ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ \m \v 26 ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ. \m \v 27 |ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، \m مەڭگۈ ياشايسىلەر! \m \v 28 چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، \m ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ \m ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ \m |ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \m \v 29 ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، \m ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ. \m \v 30 |פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ \m ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ \m \v 31 قەلبىدە خۇدانىڭ \add مۇقەددەس\add* قانۇنى تۇرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس.\f □ \fr 37:31 \ft \+bd «قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبىدە خۇداسىنىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ».\f*  \x + \xo 37:31 \xt زەب. 40‏:8؛ يەش. 51‏:7\x* \m \v 32 |צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ \m ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. \m \v 33 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ \m ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ. \m \v 34 |ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، \m ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ \m ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، \m رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، \m سەن بۇنى كۆرىسەن. \m \v 35 |ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، \m ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.\f □ \fr 37:35 \ft \+bd «مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان»\+bd* ــ دېمەك، رەزىل ئادەم زومىگەرلىك يولى بىلەن سىرتىدىن قارىغاندا چىرايلىق چوڭ بىر دەرەختەك باراقسان بولىدۇ.\f* \m \v 36 بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، \m مانا، ئۇ يوق بولدى؛ \m مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ. \m \v 37 |ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، \m دۇرۇس ئىنسانغا قارا! \m چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. \m \v 38 ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛ \m \v 39 |ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ \m ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر. \m \v 40 پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ. \b \b \m \c 38 \s1 38-كۈي •••• ئېغىرچىلىقتا قالغان كىشىنىڭ ئىلتىجا دۇئاسى \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \m (ئەسلىمە ئۈچۈن) \b \m ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە تەنبىھ بەرمىگەيسەن، \m قەھرىڭدە مېنى جازالىمىغايسەن! \x + \xo 38:1 \xt زەب. 6‏:1\x* \m \v 2 چۈنكى ئوقلىرىڭ مېنى زەخىملەندۈرۈپ سانجىدى، \m قولۇڭ ئۈستۈمدىن قاتتىق باستى. \m \v 3 قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، \m گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر. \m \v 4 چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ \m ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى. \m \v 5 ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى. \m \v 6 ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، \m كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن! \m \v 7 چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، \m ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر. \m \v 8 مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ \m قەلبىمدىكى ئازاب-قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن. \m \v 9 رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ \m ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ \m \v 10 يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ \m كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى. \m \v 11 يار-بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ \m يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى. \m \v 12 جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ \m ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ \m ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا. \m \v 13 لېكىن مەن گاس ئادەمدەك ئاڭلىمايمەن، \m گاچا ئادەمدەك ئاغزىمنى ئاچمايمەن؛ \m \v 14 بەرھەق، مەن ئاڭلىيالمايدىغان گاسلاردەك بولۇپ قالدىم؛ \m ئاغزىمدا قىلىدىغان رەددىيە-تەنبىھ يوق. \m \v 15 چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ \m رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن. \m \v 16 چۈنكى مەن: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ ماختانمىغاي؛ \m بولمىسا، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتكەندە، ئۇلار شادلىنىدۇ» ــ دېدىم مەن. \m \v 17 چۈنكى مەن دەلدەڭشىپ، تۈگىشەي دەپ قالدىم، \m ئازابىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. \m \v 18 چۈنكى مەن ئۆز يامانلىقىمنى ئىقرار قىلىمەن؛ \m گۇناھىم ئۈستىدە قايغۇرىمەن. \x + \xo 38:18 \xt زەب. 32‏:5\x* \m \v 19 لېكىن دۈشمەنلىرىم جۇشقۇن ھەم كۈچلۈكتۇر؛ \m قارا چاپلاپ، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ سانى نۇرغۇندۇر. \m \v 20 ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلار بولسا، مەن بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ \m چۈنكى مەن ياخشىلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىلىمەن. \m \v 21 ئى پەرۋەردىگار، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن! \m ئى خۇدايىم، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن! \m \v 22 ئى رەب، مېنىڭ نىجاتلىقىم، \m ماڭا چاپسان ياردەم قىلغايسەن! \b \b \m \c 39 \s1 39-كۈي •••• خۇدانىڭ تەربىيىسىنى چۈشىنىپ يېتىش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m «تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ، \m يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛ \m رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم.\f □ \fr 39:1 \ft \+bd «يەدۇتۇن»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). \fp \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ يېتەكچىسىگە تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ...».\f* \m \v 2 مەن سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، \m ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم؛ \m بىراق دىل ئازابىم تېخىمۇ قوزغالدى.\f □ \fr 39:2 \ft \+bd «ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەرقانداق پايدىسىز سۆزدىن قالدىم».\f* \m \v 3 كۆڭلۈمدە زەردەم قاينىدى، \m ئويلانغانسېرى ئوت بولۇپ ياندى؛ \m ئاندىن تىلىم ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى. \m \v 4 ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى، \m كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛ \m ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن. \m \v 5 مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ، \m سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر. \m بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس. \m سېلاھ. \x + \xo 39:5 \xt زەب. 62‏:9-10؛ 144‏:4\x* \m \v 6 بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، \m ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ \m ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. \m \v 7 ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟ \m مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر. \m \v 8 مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن، \m مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. \m \v 9 سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛ \m چۈنكى مانا، مۇشۇ \add جازانى\add* ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن. \m \v 10 مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ \m چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم. \m \v 11 سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، \m سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ \m بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. \m \v 12 ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، \m پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! \m كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! \m چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، \m سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس!\x + \xo 39:12 \xt لاۋ. 25‏:23؛ 1تار. 29‏:15؛ زەب. 119‏:19؛ ئىبر. 11‏:13؛ 1پېت. 2‏:11\x* \m \v 13 ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى، \m مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە، \m مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن. \b \b \m \c 40 \s1 40-كۈي •••• بېشارەت ــ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، داۋۇت ئارقىلىق كېلىدۇ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ، كۈتتۈم، كۈتتۈم؛ \m ئۇ ماڭا ئېگىلىپ پەريادىمنى ئاڭلىدى. \m \v 2 ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، \m شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، \m پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، \m قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى. \m \v 3 ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا-مۇناجاتنى، \m يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ \m نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، \m ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ. \m \v 4 تەكەببۇرلاردىن ياردەم ئىزدىمەيدىغان، \m يالغانچىلىققا ئېزىپ كەتمەيدىغان، \m بەلكى پەرۋەردىگارنى ئۆز تايانچىسى قىلغان كىشى بەختلىكتۇر! \m \v 5 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، \m سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، \m كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە \add رەھمەت قايتۇرۇپ\add* بولالىسۇن! \m ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، \m ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.\f □ \fr 40:5 \ft \+bd «كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە رەھمەت قايتۇرۇپ بولالىسۇن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كىممۇ ساڭا تەڭداش بولۇپ سېنى توسالىسۇن؟!».\f* \m \v 6 نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، \m بىراق سەن ماڭا \add سەزگۈر\add* قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ \m نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛\f □ \fr 40:6 \ft \+bd «سەن ماڭا سەزگۈر قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن: «سەن مېنىڭ قۇلاقلىرىمنى سانجىدىڭ». مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس قانۇن بويىچە، بىر قۇلنىڭ ئۆز خوجايىنىغا مەڭگۈ خىزمەتتە بولغۇسى بولسا، بۇنى بەلگىلەش ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىگىز سانجىيدۇ («مىس.» 21-بابنى كۆرۈڭ). بۇ خىل تەرجىمە توغرا بولسا، بۇ مەسىھنىڭ خۇداغا مەڭگۈلۈك سادىقلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر. \+bd «نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر... نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ»\+bd* ــ «لاۋ.» 1-7-بابتا تەلەپ قىلىنغان بەش خىل ئاساسىي قۇربانلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ 6-ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 40:6 \xt لاۋ. 3‏:1؛ 2‏:1؛ 4‏:13؛ ئىبر. 10‏:5-12\x* \m \v 7 شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ \m «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. \m ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ \f □ \fr 40:7 \ft \+bd «ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن»\+bd* ــ «ئورام يازما دەستۇر» مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس قانۇننى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 «خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ \m سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر».\x + \xo 40:8 \xt زەب. 37‏:31؛ يەش. 51‏:7\x* \m \v 9 بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ \m مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، \m ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن.\x + \xo 40:9 \xt زەب. 35‏:18؛ 111‏:1\x* \m \v 10 ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ \m ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم. \m \v 11 ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي! \m \v 12 چۈنكى سانسىز كۈلپەتلەر مېنى ئورىۋالدى؛ \m قەبىھلىكلىرىم مېنى بېسىۋېلىپ، كۆرەلمەيدىغان بولدۇم؛ \m ئۇلار بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ، \m جاسارىتىم تۈگىشىپ كەتتى. \m \v 13 مېنى قۇتقۇزۇشنى توغرا تاپقايسەن، ئى پەرۋەردىگار! \m ئى پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! \m \v 14 مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار بىراقلا يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ \m مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي.\x + \xo 40:14 \xt زەب. 35‏:4،26؛ 70‏:2؛ 71‏:13\x* \m \v 15 مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتسۇن! \m \v 16 بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! \m نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي! \m \v 17 مەن ئېزىلگەن ھەم يوقسۇل بولساممۇ، \m بىراق رەب يەنىلا مېنى ياد ئېتىدۇ؛ \m سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ \m ئى خۇدايىم، كېچىكمەي كەلگەيسەن! \b \b \m \c 41 \s1 41-كۈي •••• ئاغرىقنىڭ دۇئاسى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \m غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! \m ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ. \f □ \fr 41:1 \ft \+bd «غېرىب-ئاجىزلارغا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «غېرىب-ئاجىز كىشىگە».\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ، ئۇنى ئامان ساقلايدۇ؛ \m ئۇ زېمىندا تۇرۇپ بەختىيار ياشايدۇ؛ \m سەن ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈرمەيسەن! \m \v 3 ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ \m سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن.\f □ \fr 41:3 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۇنى ياتقان ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىسەن».\f* \m \v 4 مەن ئىلتىجا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، \m جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ \m چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» ــ دېدىم. \f □ \fr 41:4 \ft \+bd «چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم»\+bd* ــ ئىنرانىي تىلىدا: «چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھكار بولدۇم» دېگەن تەرجىمىسى بولىدۇ.\f* \m \v 5 دۈشمەنلىرىم مەن توغرۇلۇق: ــ \m «ئۇ قاچانمۇ ئۆلۈپ، نامى-نەسلى قۇرۇپ كېتەر؟» ــ دەپ ماڭا يامانلىق تىلەيدۇ. \m \v 6 بىرسى مېنى كۆرگىلى كەلگەن بولسا، \m ئۇ ئالدامچى سۆزلەرنى قىلىدۇ؛ \m ئۇلار كەينىمدىن كۆڭلىدە شۇملۇق توپلاپ، \m ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ شۇ ئىشلارنى تارقىتىپ پو ئاتىدۇ؛ \m \v 7 ماڭا ئۆچ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىتا ئۆزئارا كۇسۇرلىشىدۇ، \m ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قەستىدە بولىدۇ. \m \v 8 ئۇلار: «ئۇنىڭ بېشىغا جىن-شەيتاندىن بىر كېسەل چاپلاشتى؛ \m ئەمدى ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى؛ \m ئۇ قايتىدىن تۇرالمايدۇ» ــ دېيىشىدۇ. \m \v 9 ھەتتا سىردىشىم دەپ ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇم، \m مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى.\f □ \fr 41:9 \ft \+bd «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەن...».\f*  \x + \xo 41:9 \xt يـۇھ. 13‏:18\x* \m \v 10 بىراق سەن پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغايسەن؛ \m دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىشقا، \m مېنى تۇرغۇزغايسەن؛ \m \v 11 دۈشمىنىمنىڭ ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلىپ شادلانمىغىنىدىن، \m سېنى مەندىن سۆيۈنىدۇ، دەپ بىلىمەن. \m \v 12 بىراق ماڭا كەلسەك، دۇرۇس بولغانلىقىمدىن، سەن مېنى يۆلەيسەن؛ \m سەن مېنى مەڭگۈ ئۆز ھۇزۇرۇڭدا قەد كۆتۈرۈتكۈزۈپ تۇرغۇزىسەن. \m \v 13 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! \m ئامىن! ئامىن! \b \b \m \c 42 \s1 ئىككىنچى بۆلۈم •••• 42-كۈي •••• خۇداغا تەشنا بولغان مۇساپىرنىڭ دۇئاسى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ \b \m كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك، \m جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا.\f □ \fr 42:1 \ft \+bd «كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»»\+bd* ــ «كوراھ» مۇسا ۋە ھارۇن پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن كىشى. بىراق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ يولىدا ماڭاتتى. ئۇلار بەلكىم «كاھىن» (قۇربانلىق قىلغۇچى) بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئىبادەت خىزمىتىدە زەبۇردىكى يېقىملىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش بىلەن شۇغۇللانغان. \fp بۇ كۈيدىن قارىغاندا، يازغۇچى ئىسرائىلنىڭ شىمالىي پادىشاھلىقىدىكى لىۋان دېگەن خىلۋەت تاغلىق رايونىغا سۈرگۈن قىلىنغان. \fp \+bd «ماسقىل»\+bd* ــ «ماسقىل»نىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم؛ بەزى ئالىملار ئۇنى «تەربىيىلىك» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنى بەزىلەر ئۇنى «ماھىرلىق بىلەن ئېيتىلسۇن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 2 مېنىڭ جېنىم خۇداغا، ھايات تەڭرىگە ئىنتىزاردۇر؛ \m ئاھ، مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈنۈشكە مۈيەسسەر بولىمەن؟\x + \xo 42:2 \xt زەب. 63‏:1-2\x* \m \v 3 مېنىڭ كېچە-كۈندۈز يېگىنىم كۆز ياشلىرىم بولۇپ كەلگەن؛ \m خەقلەر كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ.\x + \xo 42:3 \xt زەب. 80‏:5\x* \m \v 4 ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، \m جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن \m (مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، \m خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ، \m خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، \m ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!). \m \v 5 ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ \m نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ \m خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، \m مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى!\x + \xo 42:5 \xt زەب. 43‏:5\x* \m \v 6 جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛ \m شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛ \m ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا، \m ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن. \m \v 7 سېنىڭ شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرىغا، \m چوڭقۇر ھاڭ بىلەن چوڭقۇر ھاڭ ماسلىشىپ ھۆركىرىمەكتە. \m سېنىڭ ھەممە دولقۇنلىرىڭ ھەم قاينام-تاشقىنلىرىڭ مېنى غەرق قىلدى. \m \v 8 كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى \add ماڭا\add* بۇيرۇيدۇ، \m كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى، \m ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. \m \v 9 مەن قورام تېشىم بولغان خۇداغا: ــ \m «مېنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالدىڭ؟ \m مەن نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، \m ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن.\x + \xo 42:9 \xt زەب. 35‏:11-17؛ 38‏:6؛ 43‏:2\x* \m \v 10 سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛ \m ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا. \m \v 11 ئى جېنىم، تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ \m نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ \m خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ \m چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، \m يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! \m ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر! \b \b \m \c 43 \s1 43-كۈي •••• سەرگەرداننىڭ دۇئاسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، \m دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ \m مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. \f □ \fr 43:1 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 2 چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ \m نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ \m نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، \m ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن.\x + \xo 43:2 \xt زەب. 35‏:11-17؛ 38‏:6؛ 42‏:10\x* \m \v 3 ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، \m ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! \m مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، \m ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! \f □ \fr 43:3 \ft \+bd «ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!».\f* \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، \m يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ \m بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! \m \v 5 ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ \m نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ \m خۇداغا ئۈمىد باغلا! \m چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، \m يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!\f □ \fr 43:5 \ft \+bd «چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!».\f*  \x + \xo 43:5 \xt زەب. 42‏:5،11\x* \b \b \m \c 44 \s1 44-كۈي •••• مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى مۇناجات \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ \b \m ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، \m ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ، \m ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛ \m \v 2 سەن \add ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا\add* ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، \m ئۇلارنىڭ \add زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى\add* ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ \m يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ.\f □ \fr 44:2 \ft \+bd «يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى (دېمەك، يات ئەللەرنى) تارقىتىۋەتتىڭ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈردۇڭ، بىراق ئۇلارنى (دېمەك، ئۆز خەلقىڭنى) روناق تاپقۇزدۇڭ».\f*  \x + \xo 44:2 \xt مىس. 15‏:17؛ زەب. 80‏:8-9\x* \m \v 3 بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق، \m ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛ \m بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛ \m چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ. \m \v 4 سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا، \m سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن.\f □ \fr 44:4 \ft \+bd «سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن»\+bd* ــ بۇ يەردە «ياقۇپ» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 5 سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛ \m نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛ \m \v 6 چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن، \m قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. \m \v 7 چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ، \m بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ. \m \v 8 خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛ \m نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز. \m سېلاھ! \m \v 9 بىراق سەن \add ھازىر\add* بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛ \m قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن. \x + \xo 44:9 \xt زەب. 60‏:3؛ 74‏:1؛ 89‏:38-39؛ 108‏:11\x* \m \v 10 سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛ \m بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ. \m \v 11 سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ، \m ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ. \m \v 12 سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ، \m ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛ \m \v 13 سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ \m ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن.\x + \xo 44:13 \xt زەب. 79‏:4؛ 80‏:6؛ يەر. 24‏:9\x* \m \v 14 سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن، \m يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا. \m \v 15‏-16 مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، \m دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، \m كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، \m يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى. \m \v 17 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛ \m بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق، \m ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛ \m \v 18 قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق، \m قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى. \m \v 19 بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ، \m بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ. \m \v 20 ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، \m ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق، \m \v 21 خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ، \m قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟ \m \v 22 بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ \m بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز.\x + \xo 44:22 \xt رىم. 8‏:36\x* \m \v 23 ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ \m ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن! \m \v 24 نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟ \m نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟ \m \v 25 قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛ \m تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛ \m \v 26 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن! \m ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن، \m بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! \b \b \m \c 45 \s1 45-كۈي •••• پادىشاھنىڭ توي مۇناجىتى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: ــ \b \m قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛ \m پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛ \m تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛\f □ \fr 45:1 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ گەرچە بۇ كۈي سۇلايماننىڭ توي كۈنىنى تەبرىكلەشكە يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى سۆزلەر بېشارەت بولۇپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى بولىدىغان مەسىھنىمۇ ئالدىنئالا كۆرسىتىدۇ. \+bd «پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھقا بېغىشلىغان ئەسىرىمنى ئېيتىمەن».\f* \m \v 2 ئىنسان بالىلىرى ئىچىدە سەن ئەڭ گۈزەلدۇرسەن؛ \m لەۋلىرىڭ شاپائەت بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر؛ \m شۇڭا خۇدا ساڭا مەڭگۈگە رەھمەت قىلدى. \m \v 3 ئى بۈيۈك بولغۇچى، \m قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا، \m ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ-شەۋكىتىڭ بىلەن! \m \v 4 ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا، \m شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس! \m شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ!\x + \xo 45:4 \xt زەك. 9‏:9\x* \m \v 5 سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر، \m ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛ \m پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ. \m \v 6 سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ \m پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.\f □ \fr 45:6 \ft \+bd «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر»\+bd* ــ ئىنجىلدىكى «ئىبرانىيلارغا» دېگەن قىسىمدا (1-بابتا) كۆرسەتكەندەك، بۇ سۆزلەر (شۇنداقلا كېيىنكى 7-ئايەتكىچە) بېشارەتلىك سۈپەتتە پادىشاھنىڭ ئۆزىگە (يەنى مەسىھكە) ئېيتىلىدۇ («ئىبر.» 8:1-9).\f*  \x + \xo 45:6 \xt ئىبر. 1‏:8\x* \m \v 7 سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ \m شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ، سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى.\f □ \fr 45:7 \ft \+bd «شۇڭا خۇدا ... سېنى ... شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى»\+bd* ــ «مەسىھ قىلىش» توغرۇلۇق 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ھەم «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 45:7 \xt يەش. 61‏:1-2؛ روس. 10‏:38\x* \m \v 8 سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛ \m پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ. \x + \xo 45:8 \xt يەش. 61‏:1-2؛ روس. 10‏:38\x* \m \v 9 پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ \m خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن \add زىبۇ-زىنەتلەرنى\add* تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛\f □ \fr 45:9 \ft \+bd «ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر»\+bd* ــ ياكى «مۆھتەررەم مېھمانلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر».\f* \m \v 10 «ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛ \m ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال! \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛ \m ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل». \m \v 12 تۇر شەھىرىنىڭ قىزى \add ئالدىڭدا\add* سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛ \m خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛\f □ \fr 45:12 \ft \+bd «تۇر شەھىرىنىڭ قىزى»\+bd* ــ تۇر شەھىرىدىكى پۇقرالارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 45:12 \xt زەب. 72‏:10-11\x* \m \v 13 شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر، \m ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛\f □ \fr 45:13 \ft \+bd «شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھنىڭ قىزى ئىچكى ھۇجرىدا شەرەپلىكتۇر».\f* \m \v 14 ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ \m كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛\f □ \fr 45:14 \ft \+bd «كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ»\+bd* ــ «يېنىڭغا» توي قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 15 ئۇلار خۇشال-خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛ \m ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ. \m \v 16 «ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ \m سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن.\f □ \fr 45:16 \ft \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن...»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر (16- ھەم 17-ئايەت) پادىشاھقا بىۋاسىتە ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 17 مەن سېنىڭ نامىڭنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ياد ئەتكۈزىمەن؛ \m شۇڭلاشقا بارلىق قوۋملار سېنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيدۇ». \b \b \m \c 46 \s1 46-كۈي •••• خۇدا باشپاناھتۇر \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \b \m خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ \m كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. \f □ \fr 46:1 \ft \+bd «پاك قىزلار ئۈچۈن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالاموت» دېيىلىدۇ. باشقا بىرخىل مەنىسى: «ئاياللارنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق كۈيى ئۈچۈن يېزىلغان» دېگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 2‏-3 شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، \m ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ، \m ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ، \m قورقمايمىز. \m سېلاھ. \m \v 4 خۇدانىڭ شەھىرىنى ــ يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاينى، \m خۇرسەن قىلىدىغان ئېقىنلىرى شاخلىغان بىر دەريا باردۇر. \m \v 5 خۇدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ \m ئۇ يەر ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ؛ \m خۇدا تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ. \m \v 6 \add بارلىق\add* ئەللەر قايناپ، پادىشاھلىقلار تىترەپ كەتتى؛ \m ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتكەن ھامان، \m يەر ئېرىپ كېتىدۇ. \m \v 7 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛ \m ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! \m سېلاھ! \m \v 8 كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار! \m ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار!\f □ \fr 46:8 \ft \+bd «... ئۇ (پەرۋەردىگار) يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ «ۋەيرانچىلىق»لىرىنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي نەتىجىسى بار ــ 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 9 ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ؛ \m ئۇ ئوقيالارنى سۇندۇرىدۇ، \m نەيزىلەرنى ئوشتۇۋېتىدۇ، \m جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ. \m \v 10 ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! \m مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ \m مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» ــ دەيدۇ. \m \v 11 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە، \m ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! \b \b \m \c 47 \s1 47-كۈي •••• خۇدا مەڭگۈ غەلىبە قىلغۇچىدۇر \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \m بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار! \m ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار! \m \v 2 چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر، \m پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. \f □ \fr 47:2 \ft \+bd «...پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەھشەتلىك» ھەم «ھەيۋەتلىك» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، \m بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ.\f □ \fr 47:3 \ft \+bd «... بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «... ئەل-مىللەتلەرنى پۇتىمىز ئاستىدا قىلىدۇ».\f* \m \v 4 ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، \m يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. \m سېلاھ! \m \v 5 خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، \m پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛ \m \v 6 خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! \m پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! \m \v 7 خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ \m زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! \m \v 8 خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. \m \v 9 ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ، \m ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛ \m چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛ \m ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر!\f □ \fr 47:9 \ft \+bd «... جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر»\+bd* ــ «قالقانلار» بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پادىشاھلار».\f* \b \b \m \c 48 \s1 48-كۈي •••• زىئون ــ خۇدانىڭ شەھىرى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \b \m ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، \m خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، \m ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! \m \v 2 ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى، \m پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ \m شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر، \m بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر!\f □ \fr 48:2 \ft \+bd «شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «زافون تېغى چوققىلىرىدەك گۈزەلدۇر». كونا بۇتپەرەسلىك رىۋايەتلىرى بويىچە، «زافون تېغى» دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ جاي ئىدى. مۇمكىنچىلىكى باركى، كۈي مۇئەللىپى مۇشۇ يەردە زىئوننى ئۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ.\f*  \x + \xo 48:2 \xt مات. 5‏:35\x* \m \v 3 خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ، \m بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛ \m \v 4 مانا، پادىشاھلار يىغىلدى، \m ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى. \m \v 5 \add شەھەرنى\add* كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ \m دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى. \m \v 6 ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، \m تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛ \m \v 7 سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ.\f □ \fr 48:7 \ft \+bd «تارشىشتىكى كېمىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم بىر بېشارەتتۇر. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلار جەم بولۇپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماقچى. ئۇلارغا تارشىشتىكى كېمىلەرمۇ (كونا زامانلاردا ئەڭ كۈچلۈك كېمىلەر) ياردەم بېرىدۇ. بىراق خۇدا ئۆز شەھىرىنى قوغداپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.\f* \m \v 8 قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، \m خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، \m بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ \m خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. \m سېلاھ. \m \v 9 بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق. \m \v 10 نامىڭغا لايىقتۇر، \m جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ \m سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان. \m \v 11 سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، \m زىئون تېغى شادلانغاي! \m يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!\f □ \fr 48:11 \ft \+bd «يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!»\+bd* ــ «يەھۇدا قىزلىرى» بۇ يەردە يەھۇدانىڭ شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، \m ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ \m ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛ \m \v 13 كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن، \m سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار، \m قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار. \m \v 14 چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ \m ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ! \b \b \m \c 49 \s1 49-كۈي •••• پۈتۈن ئىنسانغا بېرىلگەن نەسىھەت-ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \b \m ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! \m يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار! \m \v 2 مەيلى ئاددىي پۇقرا، يا ئېسىلزادىلەر، \m يا باي، يا گادايلار بولسۇن، ھەممىڭلار ئاڭلاڭلار! \m \v 3 ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ، \m دىلىم ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقىدۇ.\f □ \fr 49:3 \ft \+bd «ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىم دانالىقلارنى سۆزلەيدۇ».\f* \m \v 4 قۇلىقىم ھېكمەتلىك تەمسىلنى زەن قويۇپ ئاڭلايدۇ، \m چىلتار چېلىپ سىرلىق سۆزنى ئېچىپ بېرىمەن.\x + \xo 49:4 \xt زەب. 78‏:2؛ مات. 13‏:35\x* \m \v 5 ئېغىر كۈنلەردە، مېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئەتراپىمدا بولسىمۇ، \m مەن نېمىشقا قورقىدىكەنمەن؟ \m \v 6 ئۇلار بايلىقلىرىغا تايىنىدۇ، \m مال-مۈلۈكلىرىنىڭ زورلۇقى بىلەن چوڭچىلىق قىلىدۇ؛ \m \v 7‏-9 ئىنسان مەڭگۈگە ياشاپ، \m گۆر-ھاڭنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن، \m ھېچكىم ئۆز بۇرادەرىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن قايتۇرۇۋالالمايدۇ؛ \m ۋە ياكى خۇداغا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك باھانى بېرەلمەيدۇ؛ \m (چۈنكى ئۇنىڭ جېنىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت، \m ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر)\f □ \fr 49:7‏-9 \ft \+bd «ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە مۇشۇ باھا بولسا، ئۇنى ئەبەدىي تۆلىيەلمەيدۇ».\f* \m \v 10 ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛ \m ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ، \m شۇنداقلا ئۇلار مال-دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ. \m \v 11 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: \m «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، \m ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ \m ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ.\f □ \fr 49:11 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە...»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلار يەرلىرىگە ئۆز ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شۇ يەرلىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇلارنىڭ ياتىدىغان جايى، يەنى ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى بولىدۇ، خالاس».\f* \m \v 12 بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ نام-ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ، \m ئۇ ھالاك بولغان ھايۋانلاردەك كېتىدۇ. \m \v 13 ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولى دەل ئۇلارنىڭ نادانلىقىدۇر؛ \m لېكىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن دۇنياغا كەلگەنلەر، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. \m سېلاھ. \m \v 14 ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ \m ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ \m ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ \m تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!\f □ \fr 49:14 \ft \+bd «ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ»\+bd* ــ «ئەتىسى سەھەر» بۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلىش كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ... تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 15 بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ. \m سېلاھ. \m \v 16 بىرسى بېيىپ كېتىپ، \m ئائىلە-جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ كەتسىمۇ، \m قورقما؛ \m \v 17 چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛ \m ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە \add گۆرگە\add* چۈشمەيدۇ. \m \v 18 گەرچە ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى بەختلىك چاغلىغان بولسىمۇ، \m (بەرھەق، كىشىلەر روناق تاپقىنىڭدا، ئەلۋەتتە سېنى ھامان ماختايدۇ) \m \v 19 ئاخىرى بېرىپ، ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ؛ \m ئۇلار مەڭگۈگە يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ. \m \v 20 ئىنسان ئىززەت-ئابرۇيدا بولۇپ، لېكىن يورۇتۇلمىسا، \m ھالاك بولىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش بولىدۇ، خالاس. \b \b \m \c 50 \s1 50-كۈي •••• ساماۋىي سوتچى سۈكۈتىنى بۇزۇپ سۆزلەيدۇ: ــ •••• «ھەقىقىي ئىبادەت» دېگەن نېمە؟ \m \v 1 ئاساف يازغان كۈي: ــ \b \m قادىر خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار ئېغىز ئېچىپ، \m كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە يەر يۈزىدىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلدى. \f □ \fr 50:1 \ft \+bd «ئاساف يازغان كۈي»\+bd* ــ «ئاساف» داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇدانى مەدھىيەلەش خىزمىتىدە نەغمىچىلەرنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «خۇدانى مەدھىيىلەش مەدرىسى»نىڭ ئاساسچىسى بولۇشى مۇمكىن. زەبۇردىكى «ئاساف يازغان كۈي» دېيىلگەن كۈيلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئاساف ئۆزى يازغان، بەزىلىرىنى، شۈبھىسىزكى، باشقىلار ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئۇنىڭ نامى بىلەن يازغان.\f*  \x + \xo 50:1 \xt 1تېس. 4‏:14-17\x* \m \v 2 گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن، \m خۇدا جۇلالىدى. \m \v 3 خۇدايىمىز كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئالدىدا يەۋەتكۈچى ئوت كېلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ. \f □ \fr 50:3 \ft \+bd «... ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ جۈملىدىكى «ئۇنىڭ» «خۇدانىڭ» ئەمەس، بەلكى «ئوتنىڭ» كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 4 ئۆز خەلقىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، \m ئۇ يۇقىرىدىن ئاسمانلارنى، \m يەرنىمۇ گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ: ــ \m \v 5 «مېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمنى، \m يەنى مەن بىلەن قۇربانلىق ئارقىلىق ئەھدە تۈزگۈچىلەرنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىپ يىغىڭلار!» \m \v 6 ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، \m چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر! \m سېلاھ. \m \v 7 «ئاڭلاڭلار، ئى خەلقىم، مەن سۆز قىلاي؛ \m ئى ئىسرائىل، مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، \m مەنكى خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. \m \v 8 ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن، \m ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛ \f □ \fr 50:8 \ft \+bd «ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن... ئەمەس»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «قۇربانلىق» ئىبرانىي تىلىدا «زېباھ». بۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە، خۇدا بىلەن ئەھدە قىلغاندا ياكى خۇداغا مەخسۇس قەسەم ئىچكەندە قىلىنىدىغان قۇربانلىق. ئۇنىڭدىن قۇربانلىق سۇنغۇچى ۋە كاھىن يېيىشكە بولاتتى. \+bd «... كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس»\+bd* ــ «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئىبرانىي تىلىدا «ئولاھ». بۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا بولغان ساپ ئىبادەتنى بىلدۈرۈش يولىدا، قۇربانلىقنىڭ ھەممىسى كۆيدۈرۈلەتتى؛ دېمەك، نە قۇربانلىق قىلغۇچى كاھىن، نە قۇربانلىق سۇنغۇچى ئادەم ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر پارچە گۆشىنىمۇ يېمەيتتى («لاۋ.» 1-بابنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى، \m قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن. \m \v 10 چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر، \m مىڭلىغان تاغدىكى مال-ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛ \m \v 11 تاغلاردىكى پۈتۈن ئۇچار-قاناتلارنى بىلىمەن، \m دالادىكى بارلىق جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر. \m \v 12 قارنىم ئاچسىمۇ ساڭا ئېيتمايمەن؛ \m چۈنكى ئالەم ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر. \x + \xo 50:12 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ ئايۇپ 41‏:3؛ زەب. 24‏:1؛ 1كور. 10‏:26،28\x* \m \v 13 ئەجەبا، مەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن؟ \m تېكىنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟ \m \v 14 قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛ \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. \x + \xo 50:14 \xt قان. 23‏:22؛ ئايۇپ 22‏:27؛ زەب. 76‏:11؛ توپ. 5‏:3، 4، 5\x* \m \v 15 بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ \m مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، \m سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن». \m \v 16 لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ \m ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ \m \v 17 سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، \m سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 50:17 \ft \+bd «... سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سۆزلىرىمنى ئارقاڭغا تاشلىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ؟».\f* \m \v 18 ئوغرىنى كۆرسەڭ، سەن ئۇنىڭدىن زوق ئالدىڭ، \m زىناخورلار بىلەن شېرىك بولدۇڭ؛ \m \v 19 ئاغزىڭدىن يامان گەپ چۈشمەيدۇ؛ \m تىلىڭ يالغانچىلىقنى توقۇيدۇ. \m \v 20 ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىسەن، \m ئاناڭنىڭ ئوغلىغا تۆھمەت قىلىسەن. \m \v 21 سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛ \m دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛ \m لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ، \m بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن. \m \v 22 ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! \m بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛ \m ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. \m \v 23 بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ \m شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ.\f □ \fr 50:23 \ft \+bd «... شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ نىجاتلىقىنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ». بىزنىڭچە سۆزلىگۈچى مەسىھدۇر (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 51 \s1 51-كۈي •••• ئېغىر گۇناھ ئۈچۈن كەچۈرۈم تىلەش دۇئاسى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ \add كۈي\add* ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ \b \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! \m رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن!\f □ \fr 51:1 \ft \+bd «بۇ كۈي ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان»\+bd* ــ بۇ ئىشلار تەۋرات، «2سام.» 11-12-بابتا خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 51:1 \xt 2سام. 11‏:4؛ 12‏:1 \x* \m \v 2 مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، \m گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن. \m \v 3 چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛ \m گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. \m \v 4 سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، \m نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى سادىر قىلدىم؛ \m شۇ ۋەجىدىن، سەن \add مېنى ئەيىبلەپ\add* سۆزلىسەڭ، ئادىللىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ؛ \m \add مېنى\add* سوراق قىلغىنىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. \m \v 5 مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم، \m ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا مەن گۇناھتا بولدۇم. \m \v 6 بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ \m ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، \m ھەم مەن پاك بولىمەن؛ \m مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. \m \v 7 مېنى \add گۇناھلىرىمدىن\add* زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، \m ھەم مەن پاك بولىمەن؛ \m مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن.\f □ \fr 51:7 \ft \+bd «مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن»\+bd* ــ «زوفا» (يەنى لېپەكگۈل) توغرۇلۇق: بەزى «گۇناھنى يۇغۇچى قۇربانلىق (گۇناھ قۇربانلىقى)»لاردا قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاكىزلاش سۈيىنى گۇناھكار ئادەمنىڭ تېنىگە سېپىش ئۈچۈن زوفا ئىشلىتىلەتتى.\f*  \x + \xo 51:7 \xt لاۋ. 14‏:4، 6؛ چۆل. 19‏:6، 18\x* \m \v 8 ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. \m \v 9 گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ، \m يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتكەيسەن. \m \v 10 مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ \m ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن. \m \v 11 مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ \m مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن. \m \v 12 ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛ \m ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن.\f □ \fr 51:12 \ft \+bd «ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن»\+bd* ــ «ئىتائەتمەن روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئۇنىڭ روھىدا ئىتائەتمەنلىكنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى ««ئىتائەتمەن بىر روھ» بولىدۇ.\f* \m \v 13 بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، \m ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ. \m \v 14 قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، \m ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، \m شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ. \m \v 15 ئى رەببىم، لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن، \m ئاغزىم مەدھىيىلىرىڭنى بايان قىلىدۇ. \m \v 16 چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خۇش كۆرمەيسەن؛ \m بولمىسا سۇنار ئىدىم؛ \m كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەنلىك تاپمايسەن. \m \v 17 خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛ \m سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن قەلبنى سەن كەمسىتمەيسەن، ئى خۇدا؛ \m \v 18 شاپائىتىڭ بىلەن زىئونغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن؛ \m يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلغايسەن! \m \v 19 ئۇ چاغدا سەن ھەققانىيلىقتىن بولغان قۇربانلىقلاردىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن، \m پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن خۇرسەنلىك تاپىسەن؛ \m ئۇ چاغدا ئادەملەر قۇربانگاھىڭغا بۇقا-ئۆكۈزلەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ. \b \b \m \c 52 \s1 52-كۈي •••• خۇدانىڭ ھۆكۈمى ۋە شەپقىتى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ \m ئى نوچى باتۇر، \m نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ \m تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. \f □ \fr 52:1 \ft \+bd «ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن»\+bd* ــ شۇ چاغدا سائۇل پادىشاھ داۋۇت پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. داۋۇت پەيغەمبەر قېچىپ، ئابىمەلەك دېگەن بىر كاھىن (يەنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمەتچىسى)نىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ ياردەم سورىدى. ئابىمەلەك ياردەم بەردى. كېيىن سائۇل پادىشاھ ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قىرىۋەتتى (تەۋرات «1سام.» 21-، 22-باب). \+bd «...نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر»\+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: ــ (1) «... نېمىشقا كۈن بويى ماختىنىسەن، تەڭرى ئالدىدا يىرگىنچلىك بولدۇڭسەن»؛ (2) «... نېمىشقا مۆمىن بەندىلەرگە يەتكۈزگەن زىياندىن ماختىنىسەن؟ كۈن بويى تىلىڭ ھالاكەتنى ئويلايدۇ».\f*  \x + \xo 52:1 \xt 1سام. 22‏:9-23\x* \m \v 2 ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، \m تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، \m ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ. \m \v 3 سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، \m ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛ \m \v 4 ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل!\f □ \fr 52:4 \ft \+bd «ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھامان ئادەمنى يۇتۇۋېتىدىغان سۆزلەر».\f* \m \v 5 بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛ \m ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛ \m تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. \m سېلاھ. \m \v 6 ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، \m ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ \m \v 7 «قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، \m پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ \m ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ. \m \v 8 مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن، \m مەن خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە مەڭگۈگە تايىنىمەن. \f □ \fr 52:8 \ft \+bd «مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن»\+bd* ــ «زەيتۇن دەرىخى» ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەردىن بىرى.\f* \m \v 9 مەن ساڭا ئەبەدىلئەبەد تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \m چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى قىلدىڭسەن؛ \m مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ \m مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر.\f □ \fr 52:9 \ft \+bd «مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مۆمىن بەندىلەر ئالدىدا نامىڭنى تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ چۈنكى نامىڭ ئەۋزەلدۇر».\f* \b \b \m \c 53 \s1 53-كۈي •••• قاراڭغۇ دۇنيا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»: \b \m ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. \m ئۇلار چىرىكلىشىپ، \m نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛ \m ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر.\f □ \fr 53:1 \ft \+bd «ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»»\+bd* ــ «ماخالات»نىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم.\f*  \x + \xo 53:1 \xt زەب. 10‏:4؛ 14‏:1؛ رىم. 3‏:12 \x* \m \v 2 خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ: \m «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ \m خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟\x + \xo 53:2 \xt رىم. 3‏:11\x* \m \v 3 ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، \m ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، \m مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ. \m \v 4 ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان، \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ. \m ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. \m \v 5 قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ، \m مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ \m چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛ \m سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛ \m چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى. \m \v 6 ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! \m خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، \m ياقۇپ شادلىنىدۇ، \m ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ! \b \b \m \c 54 \s1 54-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا قىلغان دۇئا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان): \b \m ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. \f □ \fr 54:1 \ft \+bd «زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان»\+bd* ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 54:1 \xt 1سام. 23‏:19-28؛ 26‏:1\x* \m \v 2 ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن. \m \v 3 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ \m زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ \m ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. \m سېلاھ.\f □ \fr 54:3 \ft \+bd «يات ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى»\+bd* ــ ياكى «تەكەببۇر ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى».\f* \m \v 4 قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ \m رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. \m سېلاھ. \m \v 5 ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ \m \add ئى خۇدا\add*، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن. \m \v 6 مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ \m نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m شۇنداق قىلىش ئەلادۇر.\f □ \fr 54:6 \ft \+bd «مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن»\+bd* ــ «خالىس قۇربانلىقلار»: مۇسا پەيغەمبەر تۈزگەن نىزام بويىچە، «خالىس قۇربانلىق» خۇدانىڭ كۆرسەتكەن مەلۇم ئىلتىپاتى ياكى شەپقىتى ئۈچۈن رەھمەتلەرنى بىلدۈرىدىغان بىرخىل قۇربانلىق.\f* \m \v 7 چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ \m دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم. \b \b \m \c 55 \s1 55-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاننىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى تۆكۈش دۇئاسى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ \b \m ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن، \m \v 2 ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛ \m مەن داد-پەرياد ئىچىدە كېزىپ، \m ئاھ-زار چېكىپ يۈرىمەن؛ \m \v 3 سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ \m ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ \m ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ. \m \v 4 ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ \m ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. \m \v 5 قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، \m دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى. \m \v 6 مەن: ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، \m ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم. \m \v 7 ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، \m چۆل-باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ \m سېلاھ. \m \v 8 بوران-چاپقۇنلاردىن، \m قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!». \m \v 9 ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ \m تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ \m چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم. \m \v 10 ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ \m شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى. \m \v 11 ھارام ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، \m ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ. \b \m \v 12 ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛ \m بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛ \m ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛ \m \v 13 لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن! \m \v 14 خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، \m ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛\f □ \fr 55:14 \ft \+bd «خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق»\+bd* ــ داۋۇت ئۆزىگە ئۇشتۇمتۇت خائىنلىق قىلغان كىشى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ.\f* \m \v 15 مۇشۇنداق \add ساتقۇنلارنى\add* ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! \m ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! \m چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا. \b \m \v 16 لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ \m پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ. \m \v 17 ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، \m دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ \m ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ. \m \v 18 ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ \m گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ. \m \v 19 تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى! \m \add ئۇ نالەمنى\add* ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ \m (سېلاھ) \m چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛ \m ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ. \m \v 20 \add ھېلىقى بۇرادىرىم\add* ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛ \m ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. \m \v 21 ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، \m بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ \m ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، \m ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر. \m \v 22 يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، \m ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ \m ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ.\f □ \fr 55:22 \ft \+bd «يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي»\+bd* ــ «يۈكۈڭ» ئىبرانىي تىلىدا «ئامانەت قىلىنغىنىڭ» ياكى «ساڭا تاپشۇرۇلغان».\f* \m \v 23 بىراق، سەن خۇدا ئاشۇ رەزىللەرنى ھالاكەت ھاڭىغا چۈشۈرىسەن؛ \m قانخورلار ۋە ھىيلىگەرلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمەيدۇ؛ \m بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن. \b \b \m \c 56 \s1 56-كۈي •••• زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ \b \m ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، \m چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ \m كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛\x + \xo 56:1 \xt 1سام. 21‏:12،13،14\x* \m \v 2 مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ \m ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر! \m \v 3 مەن قورققان كۈنۈمدە، \m مەن ساڭا تايىنىمەن. \m \v 4 مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، \m خۇداغىلا تايىنىمەن؛ \m مەن قورقمايمەن؛ \m ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ \m \v 5 ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، \m ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛ \m \v 6 ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ \m پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ. \m \v 7 \add گۇناھ\add* بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ \m غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا! \m \v 8 مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ \m كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ \m بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟ \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، \m دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ \m مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر! \m \v 10 خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! \m پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! \m \v 11 خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ \m مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟\x + \xo 56:11 \xt زەب. 118‏:6\x* \m \v 12 ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ \m ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن. \m \v 13 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ \m سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ \m شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن. \b \b \m \c 57 \s1 57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ \m ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، \m ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، \m چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. \m مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. \f □ \fr 57:1 \ft \+bd «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى»\+bd* ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان»\+bd* ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 57:1 \xt 1سام. 22‏:1؛ 24‏:4\x* \m \v 2 خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، \m ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛ \m \v 3 ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ \m ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ \m سېلاھ؛ \m خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ! \m \v 4 جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ \m مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! \m ئادەم بالىلىرى ــ \m ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، \m ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر! \m \v 5 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، \m شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!\x + \xo 57:5 \xt زەب. 108‏:5\x* \m \v 6 ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ \m جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ \m ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، \m لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.\x + \xo 57:6 \xt زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:16\x* \m \v 7 ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ \m مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، \m بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن!\x + \xo 57:7 \xt زەب. 108‏:1-5\x* \m \v 8 ئويغان، ئى روھىم! \m ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! \m مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! \f □ \fr 57:8 \ft \+bd «ئويغان، ئى روھىم!»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 9 مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ \m ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! \x + \xo 57:9 \xt زەب. 18‏:49؛ 22‏:22؛ 108‏:3\x* \m \v 10 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ \m ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. \x + \xo 57:10 \xt زەب. 36‏:5-6؛ 108‏:4\x* \m \v 11 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، \m شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! \b \b \m \c 58 \s1 58-كۈي •••• زالىم ھۆكۈمرانلارنى خۇدا جازالىغاي! \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ \b \m ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟ \m ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟\f □ \fr 58:1 \ft \+bd «سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئادالەت زۇۋانسىز بولۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا سۆزلىمەيسىلەر؟». بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلەر بار. بەلكىم سۈرگۈن بولغان داۋۇتنىڭ كۆزدە تۇتقىنى (ئەسلى ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان) ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ دەۋاسىنى سائۇل پادىشاھ ئالدىدا سۆزلىمىگىنى.\f* \m \v 2 ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛ \m يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر. \m \v 3 رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ. \m \v 4 ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛ \m ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك،\x + \xo 58:4 \xt زەب. 140‏:3\x* \m \v 5 مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ، \m ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ.\f □ \fr 58:5 \ft \+bd «مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ»\+bd* ــ «يىلانچى»: چېلىپ يىلانلارنى ئوينىتىدىغان كىشى.\f* \m \v 6 ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن! \m مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! \m \v 7 ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛ \m ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا، \m ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي! \m \v 8 قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك، \m ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛ \m ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك، \m ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن! \m \v 9 قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، \m (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) \m ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ.\f □ \fr 58:9 \ft \+bd «قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇ تەرجىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.\f* \m \v 10 ھەققانىي ئادەم \add خۇدانىڭ\add* ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ \m ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ. \m \v 11 شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛ \m دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ. \b \b \m \c 59 \s1 59-كۈي \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى؛ (بۇ \add كۈي\add* سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ \b \m ئى خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ \m ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن مېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغايسەن.\f □ \fr 59:1 \ft \+bd «بۇ كۈي سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان»\+bd* ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 19-بابتا بايان قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 59:1 \xt 1سام. 19‏:12\x* \m \v 2 مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، \m قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن. \m \v 3 چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، \m زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ \m بۇ \add قىلغىنى\add* مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، \m ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛ \m \v 4 مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ \m مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، \m \add ھالىمنى\add* نەزىرىڭگە ئالغايسەن. \m \v 5 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، \m بارلىق ئەل-يۇرتلارنى سوتلاپ-جازالاشقا ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ \m قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا رەھىم قىلمىغايسەن. \m سېلاھ. \m \v 6 ئۇلار كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، \m شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە.\f □ \fr 59:6 \ft \+bd «ئۇلار («قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلار») كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە»\+bd* ــ كونا قانائان (پەلەستىن) شەھەرلىرىدە ئوۋ ئىزدىگەن ئىتلار بەلكىم كۈندۈزدە كىشىلەرنىڭ جاي-ھويلىلىرىغا كىرىشكە پېتىنالمايتتى، پەقەت ئادەملەر ئۇخلىغاندا كىرىدۇ. داۋۇت خالايىق سۆيگەن ئادەم بولغاچقا، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەر بەلكىم كۈندۈزدە قول سېلىشقا پېتىنالمايتتى، پەقەت كېچىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىدۇ.\f* \m \v 7 قارا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى! \m لەۋلىرىدىن قىلىچلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ \m ئۇلار: «كىم ئاڭلىيالايدۇ؟» ــ دەيدۇ.\x + \xo 59:7 \xt زەب. 10‏:11؛ 55‏:21؛ 57‏:4؛ 94‏:7 \x* \m \v 8 لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ \m بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن!\x + \xo 59:8 \xt زەب. 2‏:4\x* \m \v 9 ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! \m مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ \m چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر. \m \v 10 ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ \m خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. \m \v 11 بىراق، \add ئى خۇدا\add*، بۇلارنى قەتل قىلماي تۇرغاي؛ \m بولمىسا مېنىڭ خەلقىم سېنى ئۇنتۇيدۇ. \m ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلارنى سەرسان قىلغايسەن، \m ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېغىرلاشتۇرغايسەن؛ \m ئى رەب، بىزنىڭ قالقىنىمىز! \m \v 12 ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، \m لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، \m ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، \m ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي! \m \v 13 غەزىپىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەيسەن، \m خاتىمە بەرگەيسەن! \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي! \m سېلاھ.\f □ \fr 59:13 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھەم يەرنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي!».\f* \m \v 14 دەرۋەقە، ئۇلار ھازىرغىچە كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، \m شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ. \m \v 15 ئىتلاردەك ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ ھەر يەردە قاترايدۇ؛ \m قارنى تويمىغۇچە ھۇۋلاپ يۈرمەكتە؛ \m \v 16 لېكىن مەن بولسام قۇدرىتىڭنى كۈيلەيمەن، \m بەرھەق، سەھەرلەردە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىمەن؛ \m چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن يۇقىرى قورغان، \m ئېغىر كۈنلىرىمدە پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنسەن. \m \v 17 ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى، ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ \m چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر، \m ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر. \b \b \m \c 60 \s1 60-كۈي •••• مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى دۇئا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ \m (داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، \add ئۇنىڭ سەردارى بولغان\add* يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان) \b \m ئى خۇدا، سەن بىزنى چەتكە قاقتىڭ؛ \m بىزنى پارە-پارە قىلىۋەتتىڭ، \m سەن بىزدىن رەنجىدىڭ؛ \m ئەمدى بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغىن!\f □ \fr 60:1 \ft \+bd «داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئۇنىڭ سەردارى بولغان يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان»\+bd* ــ بۇ ۋەقە تەۋرات، «2سام.» 8-بابتا بايان قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 60:1 \xt 2سام. 8‏:3 ،13؛ 1تار. 18‏:3، 12؛ زەب. 44‏:9-10؛ 74‏:1؛ 108‏:11؛ 144‏:10\x* \m \v 2 سەن زېمىننى تەۋرىتىپ يېرىۋەتكەنىدىڭ؛ \m ئەمدى ئۇنىڭ بۆسۈكلىرىنى ساقايتقايسەن؛ \m چۈنكى ئۇ دەلدەڭشىپ كەتتى! \m \v 3 سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت-خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛ \m سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ. \m \v 4 سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ \m ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ. \m (سېلاھ).\f □ \fr 60:4 \ft \+bd «سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. ئايەتتىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس.\f* \m \v 5 ئۆز سۆيگەنلىرىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، \m ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، \m \add دۇئايىمنى\add* ئىجابەت قىلغايسەن.\x + \xo 60:5 \xt زەب. 108‏:6-13\x* \m \v 6 خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ \m «مەن تەنتەنە قىلىمەن، \m مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، \m سۇككوت ۋادىسىنى \add تەقسىم قىلىشقا\add* ئۆلچەيمەن. \f □ \fr 60:6 \ft \+bd «خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن...»\+bd* ــ ياكى «خۇدا ئۆز مۇقەددەس جايىدا شۇنداق دېگەن...» \+bd «مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى (تەقسىم قىلىشقا) ئۆلچەيمەن»\+bd* ــ خۇدانىڭ مۇشۇ سۆزلىرى بەلكىم يەشۇئا پەيغەمبەر ئارقىلىق، قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى ئىسرائىللارغا بۆلۈپ-بۆلۈپ تەقسىم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 7 گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، \m ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ \m ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، \m يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛\f □ \fr 60:7 \ft \+bd «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى قوغدىغۇچىدۇر». \+bd «يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا مېنىڭ شاھانە ھاسامدۇر».\f* \m \v 8 موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ \m ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ \m فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»\f □ \fr 60:8 \ft \+bd «موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇم»\+bd* ــ بەلكىم موئابنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن مەينەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن»\+bd* ــ ئاياغ كىيىمنى مەلۇم يەر ئۈستىگە تاشلاش ئاشۇ يەرگە ئىگە بولغانلىقنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن؛ ياكى بولمىسا، ئېدومنىڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىپ يىغىشتۇرىدىغان قۇلدەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. \+bd «فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»\+bd* ــ داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە فىلىستىيە داۋۇتقا، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇپ، بەختلىك ھاياتقا ئىگە بولغان («2سام.» 8:1نى، شۇنداقا «يار.» 1:12-3نىمي كۆرۈڭ).\f* \b \m \v 9 كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ \m \v 10 ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ \m قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ \m \v 11 بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، \m چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! \m \v 12 خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ \m بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! \b \b \m \c 61 \s1 61-كۈي •••• «مەندىن يۇقىرى قورام تاش» \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! \m \v 2 يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، \m يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، \m مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ \m سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! \f □ \fr 61:2 \ft \+bd «مەندىن يۇقىرى قورام تاش»\+bd* ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «مەندىن يۇقىرى» دېگەن ئىبارە بەلكىم داۋۇتنىڭ گەرچە پادىشاھ بولسىمۇ، «ئۆزۈمنى ناھايىتى ئۈستۈن، قابىلەتلىك ئادەم ھېسابلىمايمەن، ھەردائىم خۇدادىن يول سورىشىم كېرەك» دېگەندەك، ھەممىمىزنى كىچىك پېئىللىق بولۇشقا، ئۈندەيدۇ.\f* \m \v 3 چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، \m دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن. \m \v 4 مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ \m قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. \m سېلاھ. \m \v 5 چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ \m ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن.\f □ \fr 61:5 \ft \+bd «ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراس...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نامىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراس...».\f* \m \v 6 پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ \m ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ.\f □ \fr 61:6 \ft \+bd «پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»\+bd* ــ داۋۇت ئۆزى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈرگەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ يەردە ئۆز ئەۋلادى بولىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ.\f* \m \v 7 ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛ \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ \m مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن! \b \b \m \c 62 \s1 62-كۈي •••• خۇدانى تەلمۈرۈپ كۈتۈش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ \m مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. \f □ \fr 62:1 \ft \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي»\+bd* ــ «يەدۇتۇن»: داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن، يەدۇتۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). \fp يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ....».\f* \m \v 2 پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، \m مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ \m مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.\f □ \fr 62:2 \ft \+bd «مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن»\+bd* ــ ياكى باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زور ئېغىرچىلىقتىمۇ تەۋرەنمەيمەن».\f* \m \v 3 سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ \m ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى، \m ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟ \m \v 4 ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ \m يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ \m ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، \m ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. \m سېلاھ. \m \v 5 ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ \m چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر. \m \v 6 پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، \m مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ \m مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. \m \v 7 نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ \m مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر. \m \v 8 ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! \m ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ \m خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! \m سېلاھ. \m \v 9 ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق، \m ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛ \m تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق، \m بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر. \m \v 10 زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛ \m بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار، \m بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛ \m \v 11 خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، \m مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ \m «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر». \m \v 12 ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ \m چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن.\x + \xo 62:12 \xt ئايۇپ 34‏:11؛ پەند. 24‏:12؛ يەر. 32‏:19؛ ئ‍ەز. 7‏:27؛ 33‏:20؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 2كور. 5‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:8؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 22‏:12\x* \b \b \m \c 63 \s1 63-كۈي •••• خۇداغا ئىنتىزار بولۇش \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ \b \m ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، \m تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! \m مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، \m جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ \x + \xo 63:1 \xt 1سام. 22‏:5؛ 23‏:14،15\x* \m \v 2 مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك، \m مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم! \m \v 3 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ \m لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ \m \v 4 شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، \m سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن. \m \v 5 جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ \m ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛\f □ \fr 63:5 \ft \+bd «جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى»\+bd* ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن مايلىق گۆش ئىنتايىن ئېسىل تاماق ھېسابلىنىدۇ.\f* \m \v 6 ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، \m تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن. \m \v 7 چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ \m سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن. \m \v 8 مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، \m سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە. \m \v 9 بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. \m \v 10 ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ، \m ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ. \m \v 11 لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛ \m ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛ \m چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ. \b \b \m \c 64 \s1 64-كۈي •••• ئامانلىق تىلەش دۇئاسى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن! \m ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن! \m \v 2 قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن، \m يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن. \m \v 3‏-4 ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛ \m مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن، \m ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى. \m ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ. \m \v 5 ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، \m يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، \m «بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە. \m \v 6 ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ \m «بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛ \m ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە \add بىلىپ بولماس\add* بىر نەرسىدۇر! \m \v 7 لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛ \m ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ. \m \v 8 ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛ \m ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ.\f □ \fr 64:8 \ft \+bd «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى سىلكىيدۇ».\f* \m \v 9 ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛ \m ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ، \m بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ. \m \v 10 ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ، \m ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛ \m كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ. \b \b \m \c 65 \s1 65-كۈي •••• مەدھىيە ۋە تەشەككۈر \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ \b \m زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ \m ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 65:1 \ft \+bd «زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زىئوندا، سېنىڭ ئالدىڭدا، سۈكۈت بولىدۇ، مەدھىيىمۇ بولىدۇ».\f* \m \v 2 ئى، دۇئا ئاڭلىغۇچى، سېنىڭ ئالدىڭغا بارلىق ئەت ئىگىلىرى كېلىدۇ. \m \v 3 گۇناھلىق ئىشلار، ئاسىيلىقلىرىمىز، \m \add كەلكۈن باسقاندەك\add* مەندىن غالىپ كېلىدۇ؛ \m لېكىن سەن ئۇلارنى يېپىپ كەچۈرۈم قىلىسەن؛\f □ \fr 65:3 \ft \+bd «لېكىن سەن ئۇلارنى (يەنى گۇناھلىق ئىشلار، ئاسىيلىقلىرىمىزنى) يېپىپ كەچۈرۈم قىلىسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنى يېپىپ كافارەت قىلىسەن». «كافارەت» دېگەن ئىش توغرۇلۇق «مىس.» 33:29 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 4 سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! \m ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ \m بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛ \m \v 5 سەن ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان كارامەت ۋە دەھشەت ئىشلار بىلەن بىزگە جاۋاب، \m ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا، \m پۈتكۈل يەر-دېڭىزلارنىڭ چەت-چەتلىرىدىكىلەرگىچە تايانچى بولغۇچى! \m \v 6 بېلىڭ قۇدرەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، \m كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى بەرپا قىلغانسەن؛ \m \v 7 دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، \m دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، \m ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن! \m \v 8 جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ \m سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛ \m \v 9 يەر يۈزىنىڭ \add غېمىنى يەپ\add* يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى سۇغىرىسەن، \m ئۇنى تولىمۇ مۇنبەتلەشتۈرىسەن. \m خۇدانىڭ دەريا-ئېرىقلىرى سۇغا تولغاندۇر؛ \m شۇنداق قىلىپ سۇلارنى تەييارلاپ، \m كىشىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيسەن. \m \v 10 تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ چۆنەكلىرىنى سۇغا قاندۇرىسەن، \m قىرلىرىنى تاراشلايسەن، \m تۇپراقنى مول يېغىنلار بىلەن يۇمشىتىسەن؛ \m ئۇنىڭدا ئۈنگەنلەرنى بەرىكەتلەيسەن. \m \v 11 سەن نېمەتلىرىڭنى يىلنىڭ ھوسۇلىغا تاج قىلىپ قوشۇپ بېرىسەن؛ \m قەدەملىرىڭدىن باياشاتلىق ھەريانغا تامىدۇ؛ \m \v 12 دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ \m تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛ \m \v 13 كۆكلەملەر قوي پادىلىرى بىلەن كىيىنگەن، \m جىلغىلار مايسىلارغا قاپلىنىدۇ؛ \m ئۇلار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ، \m بەرھەق، ئۇلار ناخشىلارنى ياڭرىتىشىدۇ! \b \b \m \c 66 \s1 66-كۈي •••• ئىبادەتكە تۈرتكە بولىدىغان گۇۋاھلىق \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، كۈي-ناخشا: ــ \b \m پۈتكۈل جاھان، خۇشاللىق بىلەن خۇداغا تەنتەنە قىلىڭلار! \m \v 2 ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناخشا قىلىپ جاكارلاڭلار، \m ئۇنىڭ مەدھىيىلىرىنى شەرەپلىك قىلىڭلار! \m \v 3 خۇداغا: «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! \m قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، \m دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ \m \v 4 بارلىق يەر يۈزىدىكىلەر ساڭا سەجدە قىلىپ، \m سېنى كۈيلەپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ؛ \m ئۇلار نامىڭنى كۈيلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ» ــ دەڭلار! \m سېلاھ! \m \v 5 كېلىڭلار، خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار؛ \m ئىنسان بالىلىرى ئالدىدا قىلغان كارامەتلىرى قورقۇنچلۇقتۇر. \m \v 6 ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛ \m \add ئەجدادلىرىمىز\add* دەريادىنمۇ پىيادە ئۆتتى؛ \m بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق. \x + \xo 66:6 \xt مىس. 14‏:21-31؛ يە. 3‏:14 \x* \m \v 7 ئۇ قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەللەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ؛ \m ئاسىيلىق قىلغۇچىلار مەغرۇرلانمىسۇن! \m سېلاھ!\x + \xo 66:7 \xt 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 28‏:24؛ زەب. 33‏:13-14\x* \m \v 8 ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ \m ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە-ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار! \m \v 9 ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، \m پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ. \m \v 10 چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ \m كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ. \m \v 11 سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۇڭ؛ \m بېلىمىزگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىدىڭ. \m \v 12 خەقلەرنى بېشىمىزغا مىندۈردۈڭ؛ \m بىز ئوت ۋە كەلكۈننى بېسىپ ئۆتتۇق؛ \m سەن ئاخىر بىزنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ. \m \v 13 مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ \m ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛ \m \v 14 بەرھەق، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە لەۋلىرىم چىقارغان، \m ئېغىزىم ئېيتقان ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. \m \v 15 مەن ساڭا بورداق ماللارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن، \m قوچقارلارنىڭ يېغىنى خۇش پۇرىتىپ كۆيدۈرىمەن؛ \m ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلەرنى ئەكىلىپ سۇنىمەن. \m سېلاھ! \m \v 16 خۇدادىن ئەيمىنگۈچى ھەممىڭلار، كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار! \m ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىنى بايان قىلىمەن؛ \m \v 17 ئاغزىم ئېچىپ ئۇنىڭغا پەرياد كۆتۈردۈم، \m ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىغان مەدھىيىلەر تىلىمدا بولدى. \m \v 18 كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، \m رەب \add دۇئايىمنى\add* ئاڭلىمىغان بولاتتى. \m \v 19 بىراق خۇدا ئاڭلىدى؛ \m ئۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالدى. \m \v 20 خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ياغدۇرۇلسۇن! \m ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ياندۇرمىدى، \m ھەم مەندىن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەتمىدى! \b \b \m \c 67 \s1 67-كۈي •••• دۇنيا ئۈچۈن نىجاتلىق باردۇر! \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ \b \m خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، \m ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! \m سېلاھ!\x + \xo 67:1 \xt چۆل. 6‏:25؛ زەب. 4‏:6\x* \m \v 2 شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا، \m قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ. \m \v 3 بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ \m بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! \m \v 4 جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي، \m چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن، \m يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛ \m سېلاھ. \m \v 5 بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ \m بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! \m \v 6 ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛ \m خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ \m \v 7 خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ! \b \b \m \c 68 \s1 68-كۈي •••• غەلىبە مۇناجىتى \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ \b \m خۇدا ئورنىدىن تۇردى، دۈشمەنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ! \m ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچىدۇ! \x + \xo 68:1 \xt چۆل. 10‏:35\x* \m \v 2 ئىس-تۈتەك ئۇچۇرۇلغاندەك، ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ يوقىتىسەن، \m موم ئوتتا ئېرىتىلگەندەك، \m رەزىللەر خۇدانىڭ ئالدىدا ھالاك بولىدۇ. \m \v 3 بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، \m ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، \m تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ. \m \v 4 خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، \m ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ \m چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ \m ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ \m ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار.\f □ \fr 68:4 \ft \+bd «چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچى»\+bd* ــ ياكى «بۇلۇتلارغا مىنگۈچى...». قايسى مەنىسى توغرا بولسۇن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 7-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، \m تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، \m ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. \m \v 6 خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ \m ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ \m لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ. \m \v 7 ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، \m چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، \m ــ (سېلاھ) ــ \m \v 8 خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، \m يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، \m يەر-جاھان تەۋرىنىپ، \m ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ \m ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى.\x + \xo 68:8 \xt مىس. 19\x* \m \v 9 سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ \add بولغان زېمىن-خەلق\add* ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ \m ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ. \m \v 10 سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ \m مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا!\f □ \fr 68:10 \ft \+bd «سەن باققان پاداڭ»\+bd* ــ ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 11 رەب ئەمر قىلدى؛ \m ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر! \m \v 12 «پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ \add دېيىشتى\add*؛ \m ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛ \m \v 13 سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، \m زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، \m پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛\f □ \fr 68:13 \ft \+bd «سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنى ئىبرانىي تىلىدا چۈشىنىش تەس، ھەرخىل تەرجىمىلىرى بار. مەنىسى بەلكىم، ئىسرائىل خەلقى ئەسلىدە كەمبەغەل ئەھۋالدا ياشىغان بولسىمۇ (قوي باققۇچى بولۇپ)، خۇدا پەلەستىن زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە كۆپ ئولجىنى (ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىقلار) چېچىپ، ئۇلارنى بېيىتتى (14-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 14 ھەممىگە قادىر خۇدا پادىشاھلارنى زېمىندا تىرىپىرەن قىلىۋەتكەندە، \m يەر زالمون تېغىدىكى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. \m \v 15 باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، \m باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر؛\f □ \fr 68:15 \ft \+bd «باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر»\+bd* ــ باشقا تەرجىمىلىرى: «خۇدانىڭ تېغى باشان تېغىدەكتۇر ــ كۆپ چوققىلىق بىر تاغدەك، باشان تېغىدەكتۇر» ياكى «باشان تېغى خۇدانىڭ تېغىدۇر، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر».\f*  \fig ئىسرائىلىيەنىڭ تاغ-جىلغىلىرى|src="mountainsvalleys-israel-uara-01.jpg" size="span" ref="«زەب.» 16:68" \fig* \m \v 16 ئەي ئېگىز چوققىلىق تاغلار، \m نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟ \m دەرۋەقە، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا مەڭگۈ تۇرىدۇ! \f □ \fr 68:16 \ft \+bd «خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان (تاللىغان) تاغ»\+bd* ــ يېرۇسالېمدىكى زىئون تېغى.\f*  \x + \xo 68:16 \xt زەب. 87‏:1، 2؛ 132‏:13\x* \m \v 17 خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، \m مىليون-مىليوندۇر؛ \m رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ \m سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ.\f □ \fr 68:17 \ft \+bd «رەب... سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: «خۇدا سىناي تېغىدا قانداق قىلغان بولسا، ئۇ يېرۇسالېمدىكى (زىئون تېغىدىكى) مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ــ دېمەك، سۈرلۈك، شان-شەرەپلىك ھالەتتە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كالام-ۋەھىيلىرىنى ئايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 68:17 \xt قان. 33‏:2\x* \m \v 18 سەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدۇڭ، \m ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۆزۈڭ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتىڭ؛ \m ياھ خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، \m ھەتتا ئاسىيلىق قىلغانلار \add ئارىسىدا تۇرۇشى\add* ئۈچۈنمۇ، \m سەن ئىنسان ئارىسىدا تۇرۇپ ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلدىڭ.\f □ \fr 68:18 \ft \+bd «سەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدۇڭ، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۆزۈڭ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتىڭ؛ ياھ خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەتتا ئاسىيلىق قىلغانلار ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ، سەن ئىنسان ئارىسىدا تۇرۇپ ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلدىڭ»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ھەم سىرلىق ئايەتكە ئىنجىلدا، «ئەف.» 4-بابتا تەبىر بېرىلىدۇ؛ قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئىنسان ئارىسىدا ئۆزى ئىنسان بولۇپ، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلار (يەنى گۇناھ، ئۆلۈم ۋە جىن-شەيتانلاردىن ئىبارەت) ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ھەم ئۇلارنى (ئىشەنگەن ئىنسالارنى) خۇدانىڭ يېڭى بىر «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»سى قىلىش ئۈچۈن ئەرشتىكى ئاتىسىدىن ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 68:18 \xt ئ‍ەف. 4‏:8؛ چۆل. 17‏:21؛ يە. 9‏:23؛ ئەزرا 8‏:20\x* \m \v 19 رەب مەدھىيىلەنسۇن؛ \m چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرمەكتە؛ \m يەنى نىجاتلىقىمىز بولغان تەڭرى! \m سېلاھ.\f □ \fr 68:19 \ft \+bd «...ئۇ ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرمەكتە»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... ئۇ ھەركۈنى ئۈستىمىزگە ياخشىلىقلارنى يۈكلەيدۇ».\f* \m \v 20 بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ \m رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر.\f □ \fr 68:20 \ft \+bd «رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر»\+bd* ــ ياكى باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەبدە، يەنى پەرۋەردىگاردىلا، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش يوللىرىمۇ بار».\f* \m \v 21 بەرھەق، خۇدا ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ، \m ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ چاقىدۇ. \f □ \fr 68:21 \ft \+bd «ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ (خۇدا) چاقىدۇ»\+bd* ــ «چاچلىق كاللا»: بەزى خەلقلەر: «باشتا چاچ كۆپ بولسا، كۈچ كۆپ بولىدۇ» دېگەن خۇراپىي كۆزقاراشنى قوبۇل قىلغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 22 رەب مۇنداق دېدى: «\add ئۆز خەلقىمنى\add* باشان دىيارىدىنمۇ، \m دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ \f □ \fr 68:22 \ft \+bd «ئۆز خەلقىمنى باشان دىيارىدىنمۇ، دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن»\+bd* ــ «ئۆز خەلقىمنى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنى» دەپ ئېلىنغان. بىز «ئۇلارنى» دېگەن سۆزنى «ئۆز خەلقىمنى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. بەزى ئالىملار «ئۇلار»نى ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ قارايدۇ (ئۇلار خۇدا شۇ دۈشمەنلەرنى ئىسرائىل ئۇلاردىن قىساس ئالسۇن دەپ قايتۇرغان، دەپ قارايدۇ).\f*  \x + \xo 68:22 \xt مىس. 14‏:29؛ چۆل. 21‏:33 \x* \m \v 23 شۇنداق قىلىپ \add سەن خەلقىم\add*نىڭ پۇتى قانغا، \m يەنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ، \m ئىتلىرىڭنىڭ تىلى بۇنىڭدىنمۇ نېسىۋىسىنى \add يالايدۇ\add*». \m \v 24 ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا؛ \m يەنى مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى؛\f □ \fr 68:24 \ft \+bd «ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا... پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۇلار» خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى كۆرسىتىشى بولسا كېرەك. خۇدانىڭ «مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرى» دېگەننى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىس.» 16:40-38 ۋە «1پاد.» 1:8-11نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، \m ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى: \m \v 26 «جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار، \m ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ــ دېيىشتى. \m \v 27 ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ \m يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، \m زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار. \m \v 28 سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ \m ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا! \m \v 29 يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، \m پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛\x + \xo 68:29 \xt 1پاد. 10‏:25، 24، 10؛ 2تار. 32‏:23؛ زەب. 72‏:10؛ 76‏:11-12\x* \m \v 30 ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى \add يىرتقۇچ\add* جانىۋارنى، \m كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، \m تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ \m ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ \m ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن! \f □ \fr 68:30 \ft \+bd «قومۇشلۇقتىكى يىرتقۇچ جانىۋار»\+bd* ــ بەلكىم مىسىرنى نىل دەرياسىدىكى تىمساھقا ئوخشىتىدۇ.\f* \m \v 31 مۆتىۋەر ئەلچىلەر مىسىردىن كېلىدۇ، \m ئېفىئوپىيە بولسا خۇداغا قاراپ قوللىرىنى تېزدىن كۆتۈرىدۇ. \m \v 32 ئى يەر يۈزىدىكى ئەل-يۇرتلار، خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ \m رەبنى مەدھىيىلەپ كۈيلەرنى ئېيتىڭلار! \m (سېلاھ) \m \v 33 ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە، \m قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈچى توغرۇلۇق كۈي ئېيتىڭلار! \m مانا، ئۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، \m ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈكتۇر! \m \v 34 خۇدانى كۈچلۈك دەپ بىلىپ جاكارلاڭلار، \m ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئىسرائىل ئۈستىدە، \m ئۇنىڭ كۈچى بۇلۇتلاردا تۇرىدۇ؛ \m \v 35 ئى خۇدا، مۇقەددەس جايلىرىڭدىن سۈرلۈك كۆرۈنىسەن! \m ئىسرائىلنىڭ بىردىنبىر تەڭرىسى! \m خەلققە كۈچ-قۇدرەت بەرگۈچى بولسا، ئۇدۇر! \m خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! \b \b \m \c 69 \s1 69-كۈي •••• زور دەرد-ئەلەم ۋە ئازابلاردىن كېيىنكى غەلىبە \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مېنى قۇتقۇزغايسەن، ئى خۇدا! \m سۇلار جېنىمدىن ئۆتتى؛ \m \v 2 تۇرغۇدەك جاي يوق چوڭقۇر پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتتىم؛ \m سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كەتتىم، \m كەلكۈن مېنى غەرق قىلدى. \m \v 3 پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛ \m گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى؛ \m خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزۈمدىن كېتەي دەپ قالدىم؛ \m \v 4 سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛ \m مېنى يوقاتماقچى بولغانلار، \m قارا چاپلاپ مەن بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلار كۈچلۈكتۇر؛ \m شۇ چاغدا ئۆزۈم بۇلىمىغان نەرسىنى قايتۇرىمەن. \f □ \fr 69:4 \ft \+bd «سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛ مېنى يوقاتماقچى بولغانلار، قارا چاپلاپ مەن بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلار كۈچلۈكتۇر؛ شۇ چاغدا ئۆزۈم بۇلىمىغان نەرسىنى قايتۇرىمەن»\+bd* ــ تولۇق بېشارەتتىكى بۇ سىرلىق سۆز مەسىھ كرېستكە مىخلانغان ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. «شۇ چاغدا» مەسىھ ئىبلىس ئىنسانلاردىن بۇلىۋالغان ئامانلىقنى، ئىنسانلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان ئىناقلىقىنى ئىنسانلارغا نىجاتلىق يولىدا قايتۇرۇپ ئېلىپ بەردى. بۇ كۈيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى مەسىھ ۋە ئۇنىڭ جەككەن ئازابلىرىنى ۋە ئازابلىرى ئارقىلىق قازانغان غەلىبىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛ \m مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەستۇر. \m \v 6 مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئى رەب، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \m ئۆزۈڭگە ئۇمىد باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي؛ \m ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي؛ \m \v 7 چۈنكى سېنى دەپ مەن رەسۋاچىلىققا ئۇچرىدىم؛ \m شەرمەندىلىك يۈزۈمگە چاپلاندى. \m \v 8 مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يات، \m ئانامنىڭ بالىلىرىغا ياقا يۇرتلۇق بولدۇم. \m \v 9 چۈنكى مېنى \add مۇقەددەس\add* ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى؛ \m ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى؛\f □ \fr 69:9 \ft \+bd «مېنى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى»\+bd* ــ «يۇھ.» 17:2نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 69:9 \xt يـۇھ. 2‏:17؛ رىم. 15‏:3\x* \m \v 10 مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى، \m بۇمۇ ماڭا ئەيىب دەپ قارالدى. \m \v 11 مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالدىم.\f □ \fr 69:11 \ft \+bd «مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم..»\+bd* ــ «بۆز كىيىم»نى كىيىۋېلىش (ھازا تۇتقاندەك) ئۆزى ياكى باشقىلار ئۈچۈن قاتتىق دۇئا قىلىشنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.\f* \m \v 12 شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم، \m مەيخورلارنىڭ ناخشىسىنىڭ تېمىسى بولدۇم. \m \v 13 بىراق مەن شەپقىتىڭنى كۆرسەتكەن ۋاقتىڭدا دۇئايىمنى ساڭا نىشانلىدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنىڭ زورلۇقىدىن، \m نىجاتلىق ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ \f □ \fr 69:13 \ft \+bd «نىجاتلىق ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نىجاتلىقىڭ ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن».\f* \m \v 14 مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، \m مېنى چۆكتۈرمىگەيسەن؛ \m ماڭا ئۆچمەن بولغانلاردىن، \m سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ \m \v 15 كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛ \m دېڭىز تەگلىرىگىمۇ مېنى يۇتقۇزمىغايسەن؛ \m \add تېگى\add* يوق ھاڭنىڭ مېنى ھاپ ئېتىپ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىشىغا يول قويمىغايسەن! \m \v 16 دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، \m چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ \m مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛ \m \v 17 جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛ \m چۈنكى بېشىمغا كۈن چۈشتى؛ \m تېزدىن ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. \m \v 18 جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن، \m ئۇنىڭغا ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى بولغايسەن؛ \m دۈشمەنلىرىم ئالدىدا مېنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن؛ \m \v 19 ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى، \m قانداق ھاقارەتلەنگىنىمنى بىلىسەن؛ \m رەقىبلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭگە ئاياندۇر. \m \v 20 ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛ \m مەن قايغۇغا چۆمۈپ كەتتىم؛ \m ئازغىنە ھېسداشلىققا تەلمۈرگەن بولساممۇ، يوق بولدى؛ \m تەسەللى بەرگۈچىلەرنىمۇ ئىزدىدىم، لېكىن بىرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. \m \v 21 بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۈيى، \m ئۇسسۇزلۇقۇمغا سىركىنى بەردى. \x + \xo 69:21 \xt مات. 27‏:34،48؛ مار. 15‏:23؛ يـۇھ. 19‏:28،29\x* \m \v 22 ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق، \m ئۇلارنىڭ ھالاۋىتى قاپقان بولغاي.\x + \xo 69:22 \xt رىم. 11‏:9\x* \m \v 23 كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛ \m بەل-پۇتلىرىنى تىترەككە سالغايسەن؛\x + \xo 69:23 \xt يەش. 6‏:9؛ 29‏:10؛ 44‏:18؛ رىم. 11‏:10\x* \m \v 24 قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، \m غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛ \m \v 25 ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، \m چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛ \x + \xo 69:25 \xt روس. 1‏:20\x* \m \v 26 چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ \m سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا. \m \v 27 ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن، \m ھەققانىيلىقىڭنىڭ نېسىۋىسىگە ئۇلارنى ئېرىشتۈرمىگەيسەن. \m \v 28 ئۇلار ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈلگەي؛ \m ھەققانىيلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈلمىگەي. \m \v 29 بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛ \m نىجاتلىقىڭ، ئى خۇدا، مېنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغاي؛ \m \v 30 مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛ \m تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ \m \v 31 بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، \m ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر؛ \m مۈڭگۈز-تۇياقلىرى ساق تورپاق بەرگەندىنمۇ ئارتۇقتۇر. \m \v 32 ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ \m خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ \m قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ. \m \v 33 چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ، \m ئۆزىگە تەۋە ئەسىر قىلىنغانلارنى ئۇ كەمسىتمەيدۇ؛ \m \v 34 ئاسمان-زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن! \m دېڭىز-ئوكيانلار ھەم ئۇلاردا يۈرگۈچى بارلىق جانىۋارلار ئۇنى مەدھىيىلىگەي! \m \v 35 چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ \m يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلىدۇ؛ \m ئۇلار ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدۇ. \m \v 36 ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئۇنىڭغا مىراس بولىدۇ، \m ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرلەردە ماكانلىشىدۇ. \b \b \m \c 70 \s1 70-كۈي •••• «پەرۋەردىگار، تېز كەلگەيسەن!» \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! \m پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!\x + \xo 70:1 \xt زەب. 40‏:13-17\x* \m \v 2 مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ \m مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي.\x + \xo 70:2 \xt زەب. 35‏:4،26؛ 71‏:13\x* \m \v 3 مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي! \m \v 4 بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! \m نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي. \m \v 5 بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ \m يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! \m سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ \m ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن! \b \b \m \c 71 \s1 71-كۈي •••• قېرىغاندا ئېيتقان دۇئا \m \v 1 سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ \m مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن. \x + \xo 71:1 \xt زەب. 22‏:5؛ 25‏:2، 3؛ 31‏:1-3؛ يەش. 49‏:23\x* \m \v 2 ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ \m ماڭا قۇلاق سالغايسەن، \m مېنى قۇتقۇزغايسەن! \m \v 3 ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ \m سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ \m چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن. \m \v 4 خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، \m ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛ \m \v 5 چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، \m ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛ \m \v 6 بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، \m ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ \m مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر.\f □ \fr 71:6 \ft \+bd «ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئانامنىڭ قارنىدىلا مېنى ئاسرىدىڭ».\f* \m \v 7 مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ \m چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن. \f □ \fr 71:7 \ft \+bd «مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن»\+bd* ــ دېمەك، داۋۇتنىڭ تارىخى نۇرغۇن ئادەملەرگە خۇدانىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ۋە خۇداغا تايىنىشقا رىغبەت بولغان.\f* \m \v 8 ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛ \m \v 9 ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ \m ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن. \m \v 10 چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ \m جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ \m \v 11 «خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ \m ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، \m چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ. \m \v 12 ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ \m ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! \m \v 13 جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛ \m زىيىنىمغا ئىنتىلگەنلەر رەسۋالىق ھەم شەرمەندىچىلىك بىلەن قاپلانسۇن؛\x + \xo 71:13 \xt زەب. 35‏:4، 26؛ 40‏:14-15؛ 70‏:2-3\x* \m \v 14 بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن، \m سېنى تېخىمۇ مەدھىيىلەيمەن. \m \v 15 ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ \m بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر. \m \v 16 مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛ \m سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى ياد ئېتىپ جاكارلايمەن ــ \m پەقەت سېنىڭكىنىلا!\f □ \fr 71:16 \ft \+bd «مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئالغا ماڭىمەن».\f* \m \v 17 ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛ \m بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىڭنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمەن. \m \v 18 ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، \m مەن بۇ دەۋرگە \add كۈچلۈك\add* بىلىكىڭنى \add جاكارلىغۇچە\add*، \m كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، \m \add مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن\add*! \m \v 19 ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، \m ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ \m ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن! \m \v 20 سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، \m مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛ \m \v 21 سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، \m ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن. \m \v 22 مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، \m سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ \m چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى!\f □ \fr 71:22 \ft \+bd «مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن»\+bd* ــ «راۋاب» مۇشۇ يەردە راۋابقا ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ساز.\f* \m \v 23 ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، \m ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛ \m \v 24 تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ \m چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ. \b \b \m \c 72 \s1 72-كۈي •••• تەختكە ئولتۇرىدىغان پادىشاھنىڭ ئوغلى توغرۇلۇق دۇئا-تىلەۋەت ھەم بېشارەت •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 سۇلايمان ئۈچۈن: ــ \m ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ \m پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن. \f □ \fr 72:1 \ft \+bd «ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلۇغ بېشارەتنىڭ تولۇق مەنىسى سۇلايماننىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سۇلايمان ئۈچۈن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «سۇلايماننىڭكى» ياكى «سۇلايمانغا تەۋە».\f* \m \v 2 شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن، \m ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ \m \v 3 تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، \m ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ. \m \v 4 پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ \m ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، \m زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ. \m \v 5 شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، \m ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ.\f □ \fr 72:5 \ft \+bd «سەندىن ئەيمىنىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، خۇدادىن ئەيمىنىدۇ.\f*  \x + \xo 72:5 \xt زەب. 89‏:36،37\x* \m \v 6 ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، \m يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ.\x + \xo 72:6 \xt 2سام. 23‏:4\x* \m \v 7 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ \m ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ. \m \v 8 ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، \m \add ئەفرات\add* دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.\f □ \fr 72:8 \ft \+bd «ئەفرات دەرياسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «دەريا» دېيىلىدۇ. شۈبھىسى يوقكى، بۇ ئىبارە ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 9 چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ \m ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ. \m \v 10 تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، \m شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ. \f □ \fr 72:10 \ft \+bd «تارشىش.. ئاراللار... شېبا...سېنا...»\+bd* ــ «تارشىش»نىڭ دەل قايسى جاي ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس، ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى ئەنگلىيەنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن شۈبھە يوقكى، مۇشۇ ئايەتتىكى «تارشىش» ھەم «ئاراللار» دېڭىزدىكى ئەڭ چەت يەرلەرنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «شېبا ھەم سېبا»\+bd* ــ ھازىرقى ئەرەبىستاندا.\f* \m \v 11 دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ \m پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ \m \v 12 چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، \m پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛ \x + \xo 72:12 \xt ئايۇپ 29‏:12\x* \m \v 13 ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، \m يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ \m \v 14 ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، \m ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر. \m \v 15 \add پادىشاھ\add* ياشىسۇن! \m شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛ \m ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛ \m \v 16 يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، \m ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. \m \add مىغ-مىغ\add* چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ \m شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛ \m \v 17 ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، \m ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ \m ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، \m بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ. \m \v 18 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! \m كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر! \m \v 19 ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! \m ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن! \b \m \v 20 يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. \f □ \fr 72:20 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى»\+bd* ــ بۇ كۈي داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۇئاسى بولدى. بىراق «زەبۇر»نىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە بىز ئۇنىڭ باشقا دۇئا-كۈيلىرىنى ئۇچرىتىمىز.\f* \b \b \m \c 73 \s1 ئۈچىنچى بۆلۈم •••• 73-كۈي •••• خاتالاشقىنىنى تونۇپ يېتىش \m \v 1 ئاساف يازغان كۈي: ــ \b \m دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا، \m قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛ \m \v 2 لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ \m ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛ \m \v 3 چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، \m ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛\x + \xo 73:3 \xt ئايۇپ 21‏:7-15؛ زەب. 37‏:1؛ يەر. 12‏:1، 2\x* \m \v 4 چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، \m ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ.\f □ \fr 73:4 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇلاردا تارتقان ئازابلار يوق، ئۇلار تېنى مەزمۇت ۋە ساغلامدۇر».\f* \m \v 5 ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، \m ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ. \m \v 6 شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، \m زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. \m \v 7 ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ \m ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. \m \v 8 باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ \m ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ. \m \v 9 ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، \m ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ. \m \v 10 شۇڭا \add خۇدانىڭ\add* خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، \m ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ \m \v 11 «تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، \m «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ. \m \v 12 مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ \m ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، \m بايلىقلارنى توپلايدۇ. \m \v 13 «ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، \m گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛ \m \v 14 بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ \m شۇندىمۇ ھەر سەھەردە \add ۋىجداننىڭ\add* ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!». \m \v 15 بىراق مەن: ــ «بۇنداق \add دېسەم\add*، \m بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم.\f □ \fr 73:15 \ft \+bd «بۇنداق دېسەم، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟»\+bd* ــ ئاساف خۇدادىن ئاغرىنىپ، گۇمانلىرىنى شۇنداق ئوپئوچۇق ئېيتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىشى ئېتىقادى ئاجىزلارغا نىسبەتەن «ئاسىيلىق» ھەم ئۇلارنى ئېتىقادىدا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىش، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 16 ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، \m كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى. \m \v 17 تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ \m كىرگەندىلا \add يامانلارنىڭ\add* ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم. \m \v 18 دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، \m ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن. \m \v 19 ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، \m دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ! \m \v 20 سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، \m ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن. \m \v 21 يۈرەكلىرىم قايناپ، \m ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا، \m \v 22 ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، \m ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم. \m \v 23 ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ \m سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ \m \v 24 ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، \m شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، \m ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. \m \v 25 ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ \m يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. \m \v 26 ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، \m لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر! \m \v 27 چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛ \m ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن. \m \v 28 بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر! \m ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن، \m رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم.\f □ \fr 73:28 \ft \+bd «ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سېنىڭ ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،...».\f* \b \b \m \c 74 \s1 74-كۈي •••• تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان چاغدىكى ئازابلىق دۇئا \m \v 1 ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ \m ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ \m نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟\f □ \fr 74:1 \ft \+bd «ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟»\+bd* ــ بۇ كۈي بەلكىم بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان.\f* \m \v 2 ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى، \m يەنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قەدىمدە ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان قەبىلىنى، \m ئۆزۈڭ ماكان قىلغان زىئون تېغىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن! \m \v 3 قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن، \m دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە \add قارىغايسەن\add*؛ \m \v 4 رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛ \m مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. \f □ \fr 74:4 \ft \+bd «مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار (دۈشمەنلەر) ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئىبادەخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»ىدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ تارىخىدىكى بىرنەچچە «مۆجىزاتلار» ساقلىنىپ كەلگەنىدى. مەسىلەن، مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ««ماننا»غا تولغان ئالتۇن قاچا»، «ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى» قاتارلىقلار. بۇلارنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەنلەر ئاشۇ يەردە ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. ئىبرانىي تىلىدا «تۇغ» ۋە «كارامەت» دېگەن سۆزلەر بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 5 ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك، \m \v 6 ئۇلار ھازىر \add مۇقەددەس جايىڭدىكى\add* نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛ \m \v 7 ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛ \m ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى. \x + \xo 74:7 \xt 2پاد. 25‏:9\x* \m \v 8 ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، \m تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.\f □ \fr 74:8 \ft \+bd «ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى»\+bd* ــ خۇدانىڭ پەقەت بىرلا (سۇلايمان قۇرغان) ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. بىراق ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايلار مەۋجۇت ئىدى ــ مەسىلەن: «شىلوھ» دېگەن جايدا «مۇقەددەس چېدىر» بار ئىدى («يە.» 1:18). خۇدانىڭ نامىنى يوقىتىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.\f* \m \v 9 بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ \m پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ \m ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر. \f □ \fr 74:9 \ft \+bd «پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى»\+bd* ــ بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار دانىيال ھەم ئەزاكىيال پەيغەمبەرلەرنى سۈرگۈن قىلىپ بابىلغا بالدۇر ئېلىپ كەتكەنىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا بىر تۈركۈم لۈكچەكلەر تەرىپىدىن مىسىرغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى.\f* \m \v 10 قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟ \m دۈشمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ھاقارەتلەمدۇ؟ \m \v 11 سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟ \m قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يوقاتقايسەن! \m \v 12 بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن، \m يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر.\f □ \fr 74:12 \ft \+bd «يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر»\+bd* ــ «يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسى» بەلكىم «ئوتتۇرا شەرق»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 13 سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ، \m سۇلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ. \x + \xo 74:13 \xt مىس. 14‏:21-31\x* \m \v 14 دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ، \m ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ. \f □ \fr 74:14 \ft \+bd «دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ،...»\+bd* ــ «لېۋىئاتان» دېڭىز چوڭقۇر تەكتىدە ياشايدىغان قورقۇنچلۇق ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھايۋان. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «...ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ»\+bd* ــ «ئەجدىھالار» (13-ئايەت) ھەم «لېۋىئاتان» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ يەردە جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن ئازاد قىلغاندا، ئۇ مۇشۇ قۇدرەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. مۇشۇ ئايەت بويىچە «لېۋىئاتان»نىڭ بېشى كۆپ بولىدۇ. ئىنجىل «ۋەھىي» قىسمىدا ئۇنىڭ بېشى يەتتە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. تەۋرات «ئايۇپ» -41باب، -1ئايەتتىكى، «يەشايا» 1:27-ئايەتتىكى ئىزاھاتلىرىمىزنى ھەم ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» 12- ھەم 13-بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 15 يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، \m سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ. \f □ \fr 74:15 \ft \+bd «يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش» ھەم «يەشۇئا» دېگەن قىسىملارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 74:15 \xt مىس. 17‏:5، 6؛ چۆل. 20‏:11؛ يە. 3‏:13؛ زەب. 105‏:41؛ يەش. 48‏:21\x* \m \v 16 كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛ \m ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ. \x + \xo 74:16 \xt يار. 1‏:14-19\x* \m \v 17 يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛ \m ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ. \m \v 18 شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ \m بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، \m ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى. \m \v 19 پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ \m ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن. \m \v 20 ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، \m چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى. \m \v 21 ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ \m ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي. \m \v 22 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، \m ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ \m ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. \m \v 23 دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ \m ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە. \b \b \m \c 75 \s1 75-كۈي •••• ئادىل سوراقچى خۇدا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ \b \m ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! \m چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ \m بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ. \m \v 2 \add مەنكى پەرۋەردىگار\add*: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، \m ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛ \m \v 3 يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، \m ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. \m سېلاھ. \m \v 4 ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، \m ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ \f □ \fr 75:4 \ft \+bd «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە»\+bd* ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!\f* \m \v 5 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ \m بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!» \m \v 6 چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، \m ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ \f □ \fr 75:6 \ft \+bd «... جەنۇبتىن ئەمەس»\+bd* ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».\f* \m \v 7 چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ \m ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ. \m \v 8 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ \m ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ \m ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ \m خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ \m دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛ \m \v 9 مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ \m ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. \m \v 10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ \m بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!».\f □ \fr 75:10 \ft \+bd «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!»\+bd* ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.\f* \b \b \m \c 76 \s1 76-كۈي •••• پەرۋەردىگار ئەللەردىن ھېساب ئالىدۇ \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ \m يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ \m ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر. \m \v 2 ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، \m زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار. \f □ \fr 76:2 \ft \+bd «ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئۇۋىسى سالېمدا». بۇ سۆز بەلكىم خۇدانى شىرغا ئوشىتىدۇ. تەۋراتتىكى «ھوشىيا» دېگەن قىسىمدا خۇدا «يەھۇدانىڭ شىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. \+bd «سالېم»\+bd* ــ «يېرۇسالېم»نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى.\f* \m \v 3 ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، \m قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. \m سېلاھ. \m \v 4 ئۆزۈڭ ئوۋ-ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن!\f □ \fr 76:4 \ft \+bd «ئوۋ-ئولجا تاغلىرى»\+bd* ــ بەلكىم توپ-توپ دۆۋىلەنگەن ئوۋ-ئولجىلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 باتۇرلار بۇلاندى؛ \m ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ \m پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى. \m \v 6 سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، \m جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى. \m \v 7 سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ \m غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟ \m \v 8‏-9 يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، \m سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، \m ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ \m يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. \m سېلاھ. \m \v 10 چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ.\f □ \fr 76:10 \ft \+bd «ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم (1) خۇدا ئىنساننىڭ بارلىق ئاسىيلىق-قارشىلىشىشلىرىنى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شۆھرىتىگە ھەم مۇددىئالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ (2) ئىنسانلارنىڭ ئۆز قەھرى ئۆزىگە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەر يېنىك بولۇپ قالغان بولسا، «قالغان قەھر»نى خۇدا ئۆزى تولۇقلاپ جازالىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.\f* \m \v 11 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ \m ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛ \m \v 12 ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ \m ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر. \b \b \m \c 77 \s1 77-كۈي •••• دەردمەن دەردىنى تۆكۈپ تەسەللى تاپىدۇ \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ \b \m ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ \m ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ. \f □ \fr 77:1 \ft \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي...»\+bd* ــ «يەدۇتۇن» داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ بېشى دەپ بېكىتكەن، يەدۇتۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). \fp يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي...».\f* \m \v 2 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ \m كېچىچە قولۇمنى \add دۇئاغا\add* كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ \m جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى. \m \v 3 مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ \m سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. \m سېلاھ. \m \v 4 سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ \m چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم. \m \v 5 مەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، \m قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛ \m \v 6 كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ \m كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ \add دېدىم\add*؛ \m روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛ \m \v 7 ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ \m ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟ \m \v 8 ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ \m ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ \m \v 9 تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ \m ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». \m سېلاھ. \m \v 10‏-11 ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ \add ئېتىقادىمنىڭ\add* ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، \m يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ \m قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن. \m \v 12 سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ \m سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛ \m \v 13 ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ \m خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ \m \v 14 مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ \m ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ. \m \v 15 ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، \m يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ \m سېلاھ.\f □ \fr 77:15 \ft \+bd «ئۆز بىلىكىڭ بىلەن... ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى پېئىلنىڭ (گائال) مۇشۇ يەردە: «ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھەمجەمەت بولۇپ، ھۆرلۈككە چىقارغانسەن» دېگەن تولۇق مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «گائال» ۋە «گوئېل» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 77:15 \xt مىس. 15‏:11\x* \m \v 16 سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ \m تىترەك ئۇلارنى باستى، \m دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى.\f □ \fr 77:16 \ft \+bd «سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى.»\+bd* ــ ئاساف ھازىر «مىسىردىن چىقىش»تىكى ئىشلارنى ئەسلەيدۇ. «سۇلار» بۇ يەردە ئىسرائىللار مۆجىزە بىلەن ئۆتكەن «قىزىل دېڭىز»نى، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 17 قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ \m ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ \m بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى.\x + \xo 77:17 \xt مىس. 14‏:21\x* \m \v 18 گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، \m چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ \m يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى. \x + \xo 77:18 \xt مىس. 14‏:24\x* \m \v 19 سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان-دېڭىزلاردا، \m قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، \m ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ. \m \v 20 سەن قوي پادىسىنى باققاندەك، \m مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ».\x + \xo 77:20 \xt زەب. 78‏:53؛ 80‏:2؛ ھاب. 3‏:15؛ مار. 6‏:48؛ يـۇھ. 6‏:19\x* \b \b \m \c 78 \s1 78-كۈي •••• تارىخنىڭ تېپىشماقلىرى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ \m ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، \m ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. \f □ \fr 78:1 \ft \+bd «ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار... قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن (2-ئايەت)»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بۇ كۈي كۆرسەتكەن ۋەقەلەرنى تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش»، «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «سامۇئىل (1)»، «سامئۇىل (2)» دېگەن قىسىملاردىن تاپالايدۇ.\f* \m \v 2 مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، \m قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن.\f □ \fr 78:2 \ft \+bd «... قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن»\+bd* ــ «تېپىشماقلار» توغرۇلۇق 1-ئايەتتىكى ئىشاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 78:2 \xt زەب. 49‏:4؛ مات. 13‏:35\x* \m \v 3 بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، \m ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن. \m \v 4 بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، \m كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، \m ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، \m ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز. \m \v 5 چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، \m ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ \m ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇغان؛\x + \xo 78:5 \xt قان. 4‏:9؛ 6‏:7\x* \m \v 6 شۇنداق قىلىپ كېلەر دەۋر، \m يەنى تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ بۇلارنى بىلسۇن، \m ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن؛ \m \v 7 پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىسۇن، \m تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىسۇن، \m بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرسۇن؛ \m \v 8 ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشىمىسۇن دەپ، \m يەنى جاھىل ھەم ئاسىي بىر دەۋر، \m ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغان، \m روھى تەڭرىگە ۋاپالىقتا تۇرمىغان بىر دەۋرگە ئوخشىمىسۇن دەپ، ئۇ شۇنداق \add بۇيرۇغاندۇر\add*.\x + \xo 78:8 \xt مىس. 32‏:9؛ 33‏:3، 5؛ 34‏:9؛ قان. 9‏:6، 13؛ 31‏:27\x* \m \v 9 مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، \m قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، \m جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى. \m \v 10 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، \m بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى. \m \v 11 ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، \m ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى. \m \v 12 ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، \m ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛ \m \v 13 ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، \m ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەن؛ \m سۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ تىكلىدى.\x + \xo 78:13 \xt مىس. 14‏:21\x* \m \v 14 ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، \m كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.\x + \xo 78:14 \xt مىس. 13‏:21؛ زەب. 105‏:39\x* \m \v 15 چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتتى، \m چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛\x + \xo 78:15 \xt مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 105‏:41؛ 1كور. 10‏:4\x* \m \v 16 ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، \m سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى. \m \v 17 بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، \m چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى. \m \v 18 ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، \m نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى. \m \v 19 ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟\x + \xo 78:19 \xt چۆل. 11‏:1، 4\x* \m \v 20 مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، \m سۇلار ئۇرغۇپ، \m ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ \m ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ \m ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى.\f □ \fr 78:20 \ft \+bd «ئۇلار... (يەنى خەلق) مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى»\+bd* ــ بۇ ۋەقە تەۋرات، «چۆل.» 11-بابتا بايان قىلىنغان.\f*  \x + \xo 78:20 \xt مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11\x* \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ \m ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، \m ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛ \x + \xo 78:21 \xt چۆل. 11\x* \m \v 22 چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، \m ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى، \m \v 23 ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، \m ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛ \m \v 24 ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، \m ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛\f □ \fr 78:24 \ft \+bd «ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى»\+bd* ــ «ماننا» ئاسماندىن چۈشىدىغان بىرخىل ئاش ئىدى. «مىس.» 16-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 78:24 \xt مىس. 16‏:14\x* \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ \m ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى. \f □ \fr 78:25 \ft \+bd «... ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى»\+bd* ــ « «كۈچ ئىگىلىرى» شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 78:25 \xt يـۇھ. 6‏:31؛ 1كور. 10‏:3\x* \m \v 26 ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، \m كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛ \x + \xo 78:26 \xt چۆل. 11‏:31\x* \m \v 27 ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، \m دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى. \m \v 28 ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، \m چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى. \m \v 29 ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، \m چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى \add خۇدا\add* ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى. \m \v 30 لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، \m گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا، \m \v 31 خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قارىتا قوزغالدى؛ \m ئۇ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرىنى قىرىۋەتتى، \m ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرىنى يەرگە ئۇرۇۋەتتى.\x + \xo 78:31 \xt چۆل. 11‏:33؛ 1كور. 10‏:5\x* \m \v 32 مانا، شۇنداق بولسىمۇ، \m ئۇلار يەنىلا داۋاملىق گۇناھ قىلىۋەردى، \m ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىگە تېخىچىلا ئىشەنمىدى؛ \m \v 33 شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بىھۇدىلىكتە، \m يىللىرىنى دەككە-دۈككىلىك ئىچىدە تۈگەتكۈزدى. \m \v 34 ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇرغاندا، \m ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىدى؛ \m ئۇلار يولىدىن يېنىپ، ئىنتىلىپ تەڭرىنى ئىزدىدى؛ \m \v 35 ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇلتېشى ئىكەنلىكىنى، \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. \m \v 36 بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلدى، \m تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛ \m \v 37 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، \m ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى. \m \v 38 بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ \m قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ \m ئۇ قايتا-قايتا ئۆز غەزىپىدىن ياندى، \m ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى. \m \v 39 ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، \m كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى. \m \v 40 ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. \m شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى! \m \v 41 بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى. \m \v 42‏-43 ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى \add ئەسلىمىدى\add*؛ \m ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، \m قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، \m زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى. \m \v 44 ئۇ \add مىسىرلىقلارنىڭ\add* دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، \m ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛\x + \xo 78:44 \xt مىس. 7‏:20\x* \m \v 45 ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، \m ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛\x + \xo 78:45 \xt مىس. 8‏:2،20\x* \m \v 46 ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، \m مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛\x + \xo 78:46 \xt مىس. 10‏:13\x* \m \v 47 ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، \m ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتىۋەتتى. \x + \xo 78:47 \xt مىس. 9‏:23\x* \m \v 48 ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، \m ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا \add كۆيدۈرىۋەتتى\add*. \m \v 49 ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ \m قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، \m بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى. \m \v 50 ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ \m ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، \m بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛ \x + \xo 78:50 \xt مىس. 9‏:6\x* \m \v 51 ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، \m ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.\x + \xo 78:51 \xt مىس. 12‏:29؛ زەب. 105‏:36\x* \m \v 52 ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، \m چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛ \m \v 53 ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، \m ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ \m دۈشمەنلىرىنى بولسا، دېڭىز يۇتۇپ كەتتى. \x + \xo 78:53 \xt مىس. 14‏:27،28؛ 15‏:10\x* \m \v 54 ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، \m ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى. \m \v 55 ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، \m زېمىن ئۈستىگە تانا تارتقۇزۇپ ئۆلچەپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلدى؛ \m ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى.\x + \xo 78:55 \xt يە. 13‏:7؛ زەب. 136‏:21،22\x* \m \v 56 بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، \m ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛ \m \v 57 بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، \m خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى. \m \v 58 ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، \m ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى.\x + \xo 78:58 \xt قان. 32‏:16،21\x* \m \v 59 خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، \m ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى. \m \v 60 ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، \m يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى،\f □ \fr 78:60 \ft \+bd «ئۇ (رەب) شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى»\+bd* ــ 60-66-ئايەتلەردىكى ۋەقەلەر «1سام.» -1-6بابتا بايان قىلىنغان.\f* \m \v 61 ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، \m شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛ \f □ \fr 78:61 \ft \+bd «ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ «قۇدرەت بەلگىسى» ۋە «شان-شەرىپى» ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 78:61 \xt 1سام. 4‏:10،11\x* \m \v 62 ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، \m ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. \m \v 63 ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، \m قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى. \m \v 64 ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، \m لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى.\f □ \fr 78:64 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى»\+bd* ــ «كاھىن» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىش خىزمىتىدە بولغان مەخسۇس خادىم.\f*  \x + \xo 78:64 \xt 1سام. 4‏:11،18،19\x* \m \v 65 ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، \m شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى. \m \v 66 ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، \m ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى. \f □ \fr 78:66 \ft \+bd «ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ...»\+bd* ــ بۇ جۈملە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق. ئىككىنچى مەنىسى «ئۇ رەقىبلىرىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ،..». تەۋرات، «1سام.» 5-بابتا، خۇدا بۇتپەرەس فىلىستىيەلىكلەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى بۇۋاسىرلار بىلەن قىينىدى.\f*  \x + \xo 78:66 \xt 1سام. 5‏:6؛ 6‏:4\x* \m \v 67 يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ \m ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛\f □ \fr 78:67 \ft \+bd «رەب... يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى...»\+bd* ــ 67-72-ئايەتلەردە، خۇدانىڭ داۋۇت پەيغەمبەرنى ئۆز خەلقىنىڭ پادىشاھى بولۇشقا، زىئون (يېرۇسالېم)نى ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش جايى بولۇشقا تاللاش جەريانىنى بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى داۋۇت بولسا يۈسۈپ ياكى ئەفرائىم قەبىلىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىدى.\f* \m \v 68 بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، \m ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى. \m \v 69 \add شۇ يەردە\add* مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، \m يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛ \m \v 70 ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، \m ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛ \x + \xo 78:70 \xt 1سام. 16‏:11؛ 2سام. 7‏:8\x* \m \v 71 قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، \m ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى. \x + \xo 78:71 \xt 2سام. 5‏:2؛ 1تار. 11‏:2\x* \m \v 72 داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، \m قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. \b \b \m \c 79 \s1 79-كۈي •••• يۇرتنى باسقان بالايىئاپەتتىن كۆتۈرۈلگەن نالە-زار \m \v 1 ئاساف يازغان كۈي: ــ \b \m ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ \m ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ \m يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. \f □ \fr 79:1 \ft \+bd «ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى»\+bd* ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 2 ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ، \m مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى. \m \v 3 ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى، \m جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى. \m \v 4 قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق، \m ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق.\x + \xo 79:4 \xt زەب. 44‏:14؛ 80‏:6\x* \m \v 5 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ \m سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟ \m سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ \f □ \fr 79:5 \ft \+bd «سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ »\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ».\f*  \x + \xo 79:5 \xt زەب. 89‏:46\x* \m \v 6 قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، \m نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! \x + \xo 79:6 \xt يەر. 10‏:25\x* \m \v 7 چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ، \m ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. \m \v 8 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ \m رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! \m چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. \x + \xo 79:8 \xt يەش. 64‏:8 \x* \m \v 9 ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، \m نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛ \m \v 10 ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟ \m قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن. \m \v 11 ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ \m بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن. \m \v 12 ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە، \m يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛ \m \v 13 شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر، \m ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، \m ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز. \b \b \m \c 80 \s1 80-كۈي •••• خۇدا يولىدا يۇرتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن دۇئا •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ \m قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، \m يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ \m ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، \m نۇرلانغايسەن!\f □ \fr 80:1 \ft \+bd «قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن!»\+bd* ــ بۇ كۈي بەلكىم ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (جەنۇبىي پادىشاھلىقىدا، يەنى «يەھۇدا»دا) مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 734-722 يىللاردا يېزىلغان؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل شىمالىي پادىشاھلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالدى. جەنۇبىي پادىشاھلىقتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەپسۇسلىنىپ، شىمالىدىكى قېرىندىشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. \+bd «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى»\+bd* ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىردىن «كېرۇب»، يەنى كۈچلۈك پەرىشتىنىڭ سېيماسى تۇرىدۇ. خۇدا ئەسلىدە ئۆز ھۇزۇرىنىڭ بۇ ئىككى كېرۇب ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ۋەدە قىلغان.\f* \m \v 2 ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، \m بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن! \m \v 3 ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! \m جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!\x + \xo 80:3 \xt زەب. 4‏:6؛ 31‏:16؛ 67‏:1-2؛ دان. 9‏:17\x* \m \v 4 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟ \m \v 5 سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، \m كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ. \m \v 6 بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ \m دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.\f □ \fr 80:6 \ft \+bd «بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: ــ «سەن بىزنى قوشنىمىزغا مازاق ئوبيېكتى قىلدىڭ» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 80:6 \xt زەب. 44‏:13-14؛ 79‏:4\x* \m \v 7 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! \m جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! \m \v 8 سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ \m يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ. \x + \xo 80:8 \xt يەش. 5؛ يەر. 2‏:21؛ ئ‍ەز. 15؛ 17‏:3-10؛ يـۇھ. 15‏:1\x* \m \v 9 ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ \m ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى. \m \v 10 ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ \m غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛\f □ \fr 80:10 \ft \+bd «قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك..»\+bd* ــ ياكى «تەڭرىنىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك...».\f* \m \v 11 ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە، \m پىلەكلىرىنى \add ئەفرات\add* دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى. \m \v 12 سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ، \m مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟ \m \v 13 مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ، \m دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ. \m \v 14 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، \m يېنىمىزغا قايتقايسەن! \m ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، \m كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن!\f □ \fr 80:14 \ft \+bd «... كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئۈزۈم تېلىنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 15 يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، \m ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن! \m \v 16 مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، \m كېسىۋېتىلدى؛ \m يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛ \m \v 17 قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، \m يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛\f □ \fr 80:17 \ft \+bd «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم... يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى..»\+bd* ــ «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم»، «ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى» شۈبھىسىزكى مەسىھ توغرۇلۇق ئالدىنئالا ئېيتىلغان بېشارەتلىك سۆز.\f*  \x + \xo 80:17 \xt زەب. 110‏:1؛ دان. 7‏:13، 14؛ مات. 16‏:27؛ ئىبر. 1‏:3؛ 8‏:1؛ 10‏:12؛ 12‏:1؛ 1پېت. 3‏:22\x* \m \v 18 شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ \m بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز. \m \v 19 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! \m جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! \b \b \m \c 81 \s1 81-كۈي •••• ھېيت-بايرامدا خۇدانىڭ گۇۋاھ-خىتابىنى ئىسرائىلغا ئەسلىتىش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ \m كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، \m ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار! \f □ \fr 81:1 \ft \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي»\+bd* ــ ««گىتتىف»»نىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بىر مەنىسى: «گات شەھىرىنىڭ سازى».\f* \m \v 2 ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپنى ئېلىپ، \m يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار! \m \v 3 يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، \m بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار! \m \v 4 چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، \m ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر. \m \v 5 ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، \m (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) \m ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛\f □ \fr 81:5 \ft \+bd «شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شۇ يەردە \+bd مەن\+bd* چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى يۈرەتتىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بەلكىم خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋاكالىتەن سۆزلىشىنى، ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى»\+bd* ــ «بۇنى» بەلكىم 3-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھېيتلارنى، شۇنداقلا شۇ ھېيتلارنى سازلار بىلەن جاكارلاشنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 6 ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، \m ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛ \m \v 7 قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ، \m مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛ \m گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛ \m «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم». \m سېلاھ.\f □ \fr 81:7 \ft \+bd «... «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم»\+bd* ــ «مەرىباھ» («ئېلىشىش»، «جېدەل») دېگەن مەنىدە. «مەرىباھ» ئىككى جاينىڭ ئىسمى؛ شۇ يەرلەردە بولغان ۋەقەلەرنىڭ بىرىنچىسى تەۋرات «مىس.» 17-بابتا، ئىككىنچىسى «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.\f* \m \v 8 ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛ \m ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدى! \m \v 9 ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن، \m يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن! \m \v 10 سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ \m ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن. \m \v 11 ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، \m ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ \m \v 12 شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ \m ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. \m \v 13 ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! \m ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! \m \v 14 ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، \m قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. \m \v 15 پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ \m ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛ \m \v 16 ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم، \m بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم».\f □ \fr 81:16 \ft \+bd «ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدى».\f* \b \b \m \c 82 \s1 82-كۈي •••• خۇدانىڭ ئالىي سوتى \m \v 1 ئاساف يازغان كۈي: ــ \m خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، \m ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛\f □ \fr 82:1 \ft \+bd «خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ مەجلىسكە قاتناشقان «ئىلاھلار»نىڭ خۇدانىڭ خەلقىگە سوتچى بولغان ياكى ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەر ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرۈلىدۇ. مەلۇم جەھەتلەردىن، ئۇلار خۇدادەك ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك. \+bd «ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ»\+bd* ــ باشقا شەرھچىلەر بولسا «ئىلاھلار» دېگەننى يەر يۈزىدىكى پادىشاھ-ھوقۇقدارلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ شەرھچىلەر 6-ئايەتتىكى «سىلەر ئىلاھلار» دېگەننى كىنايىلىك سۆز دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى شۇ دەۋردىكى پادىشاھلاردىن كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى «خۇدا» دەپ قارايتتى، خەلقىدىن ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. لېكىن رەببىمىزنىڭ «يۇھ.» 33:10-36دە ئېيتقان شەرھى بويىچە، بۇ سۆزلەر كىنايىلىك سۆز ئەمەس؛ شۇڭا يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشىمىز توغرا، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 2 ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، \m قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ \m سېلاھ. \m \v 3 گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، \m ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛\f □ \fr 82:3 \ft \+bd «...يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئاتىسىزلارنىڭ دەۋاسى».\f* \m \v 4 مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، \m ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار!\x + \xo 82:4 \xt پەند. 24‏:11\x* \m \v 5 ئۇلار بۇلارنى بىلمەي ۋە چۈشەنمەي زۇلمەتتە كېزىپ يۈرمەكتە، \m شۇڭا يەرنىڭ ئۇللىرى تەۋرەنمەكتە. \m \v 6 مەن ئېيتتىم: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، \m ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛ \m \v 7 شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، \m ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر».\f □ \fr 82:7 \ft \+bd «شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر»\+bd* ــ 1-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 8 ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! \m چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن!\f □ \fr 82:8 \ft \+bd «سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس قىلىسەن»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم مەسىھكە ئېيتىلىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 82:8 \xt زەب. 2‏:8؛ ئىبر. 1‏:2\x* \b \b \m \c 83 \s1 83-كۈي •••• دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستلىرى ھەققىدە دۇئا \m \v 1 ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ \b \m ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، \m جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! \m \v 2 چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، \m ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە. \m \v 3 ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، \m سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. \m \v 4 ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! \m ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە. \m \v 5 ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ \m ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. \m \v 6 مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، \m موئاب ھەم ھاگرىيلار؛ \m \v 7 گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ \m فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى، \m \v 8 ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ \m ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن. \m سېلاھ.\f □ \fr 83:8 \ft \+bd «ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن»\+bd* ــ «لۇتنىڭ ئوغۇللىرى» موئاب ۋە ئاممون دېگەن خەلقلەر بولۇپ شەكىللەنگەن.\f* \m \v 9 سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، \m سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، \m ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ \m \v 10 بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، \m يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. \m \v 11 ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، \m ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛\f □ \fr 83:11 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، *ۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن»\+bd* ــ سىسېرا، يابىن، (9-ئايەت) ئورەب، زېئەب، زەباھ ھەم زالمۇنناغا چېتىشلىق ۋەقەلەرنى بىلىش ئۈچۈن «باتۇر ھاكىملار» 7-، 8-بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 12 چۈنكى ئۇلار: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان. \m \v 13 ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، \m شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن. \m \v 14 ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، \m يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، \m \v 15 سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، \m قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛ \m \v 16 ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، \m ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! \m \v 17 ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولسۇن، \m جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلسۇن. \m \v 18 ئۇلار بىلسۇنكى، \m نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن. \b \b \m \c 84 \s1 84-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىنى سېغىنىش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \b \m ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار!\f □ \fr 84:1 \ft \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ»\+bd* ــ «گىتتىف»نىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بىر مەنىسى: «گات شەھىرىنىڭ سازى».\f* \m \v 2 جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، \m سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، \m دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛\x + \xo 84:2 \xt زەب. 42‏:2؛ 63‏:1-2\x* \m \v 3 مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، \m قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، \m ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، \m ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \m ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! \m \v 4 سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! \m ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. \m سېلاھ. \m \v 5 كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ \m قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛\f □ \fr 84:5 \ft \+bd «...قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار»\+bd* ــ «كۆتۈرۈلمە يوللار» ــ كۆتۈرۈپ ياسالغان، يېرۇسالېمغا تاۋاپ قىلىدىغان يولۇچىلار ماڭىدىغان يوللار بولسا كېرەك.\f* \m \v 6 يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، \m ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ \m بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ.\f □ \fr 84:6 \ft \+bd «يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە»\+bd* ــ «يىغا ۋادىسى» ياكى «باكا ۋادىسى». ئىبرانىي تىلىدا «باكا» بىرىنچىدىن «يىغا»نى بىلدۈرىدۇ، ئىككىنچىدىن بىر خىل ئۈجمە دەرىخىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە «يىغلايدىغان دەرەخ» ــ كېسىلگەن بولسا دەرەخ سۈيى يىغلىغاندەك چىقىدۇ. داۋۇت پەيغەمبەر ئىككى قېتىم بىر «باكا ۋادىسى» (يەنى «رەفايىم جىلغىسى»)دا غەلىبە قىلدى ھەم ئاشۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچ جان-دوستى جېنىنى تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭغا سۇ ئېلىپ كەلدى («2سام.» 5-، 23-بابتا). \+bd «كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە) كۈز يامغۇرلىرى يەرنى ھەيدەش، ھەم ئۇرۇق سېلىشقا تەييار قىلىدۇ.\f* \m \v 7 ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ؛ \m ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ. \m \v 8 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! \m سېلاھ. \m \v 9 قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، \m ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن!\f □ \fr 84:9 \ft \+bd «ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن!»\+bd* ــ «مەسىھ قىلغىنى»، 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 10 چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن \m باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ \m رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، \m خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر.\f □ \fr 84:10 \ft \+bd «خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدايىمنىڭ ئۆيىدە ئىشىكباقار بولغىنىم ياخشىدۇر».\f* \m \v 11 پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر، \m پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛ \m دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛ \m \v 12 ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \m بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان!\x + \xo 84:12 \xt زەب. 2‏:12؛ 34‏:8\x* \b \b \m \c 85 \s1 85-كۈي •••• ئىسرائىلنىڭ ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت تەلەپ قىلىش \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \b \m سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، \m ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. \m \v 2 خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، \m بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. \m سېلاھ. \m \v 3 سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ، \m غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن. \m \v 4 ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! \m بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!\f □ \fr 85:4 \ft \+bd «ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ (3-ئايەتنى كۆرۈڭ)، مۇشۇ كۈينىڭ مۇئەللىپى خۇدادىن ئىسرائىلنى ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلدۇرغايسەن، ئۇلارنى ئۆز يېنىڭغا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغايسەن، دەپ دۇئا قىلىشنى باشلايدۇ.\f* \m \v 5 سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ \m ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ \m \v 6 خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، \m بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟\x + \xo 85:6 \xt زەب. 71‏:20؛ 80‏:18؛ 138‏:7\x* \m \v 7 بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، \m بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن! \m \v 8 تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ \m چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ \m ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن! \m \v 9 زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، \m دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ \m \v 10 ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ \m ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛\f □ \fr 85:10 \ft \+bd «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆزلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلغىنىدا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.\f*  \x + \xo 85:10 \xt ئىبر. 7‏:2\x* \m \v 11 ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، \m ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ. \m \v 12 پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ، \m زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛\x + \xo 85:12 \xt زەب. 67‏:6\x* \m \v 13 ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، \m ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!\f □ \fr 85:13 \ft \+bd «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئورنىتىدۇ».\f* \b \b \m \c 86 \s1 86-كۈي •••• يالغۇزلۇقتا، قىينالغان كۈندە شاپائەت تىلەش \m \v 1 داۋۇتنىڭ دۇئاسى: \b \m قۇلىقىڭنى مەن تەرەپكە تۇتقىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ \m چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن. \m \v 2 جېنىمنى ساقلىغايسەن، \m چۈنكى مەن ساڭا مۆمىندۇرمەن؛ \m ئى سەن خۇدايىم، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m \v 3 ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، \m چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن. \m \v 4 قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، \m چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ \m \v 5 چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! \m ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن! \m \v 6 مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، \m يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ \m \v 7 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، \m مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، \m چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.\x + \xo 86:7 \xt زەب. 18‏:6؛ 50‏:15؛ 55‏:16-17\x* \m \v 8 ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ \m قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر.\f □ \fr 86:8 \ft \+bd «ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب...»\+bd* ــ بۇ ئايەت «ئىلاھلار»نىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 86:8 \xt قان. 3‏:24؛ زەب. 136‏:4\x* \m \v 9 سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، \m نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. \m \v 10 چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، \m مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ \m سەن خۇدادۇرسەن، يالغۇز سەنلا. \m \v 11 ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، \m ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ \m نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن.\x + \xo 86:11 \xt زەب. 25‏:4-5؛ 27‏:11؛ 119‏:33\x* \m \v 12 يا رەببىم خۇدا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، \m ئەبەدىلئەبەد نامىڭنى ئۇلۇغلايمەن. \m \v 13 چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، \m سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛ \m \v 14 ئى خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى، \m ئەشەددىيلەرنىڭ جامائىتى جېنىمنى ئىزدىمەكتە، \m ئۇلار سېنى نەزىرىگە ئالمەيدۇ!\x + \xo 86:14 \xt زەب. 54‏:3-5\x* \m \v 15 ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، \m ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، \m مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ.\x + \xo 86:15 \xt مىس. 34‏:6؛ چۆل. 14‏:18؛ نەھ. 9‏:17؛ زەب. 103‏:8؛ 145‏:8؛ يو. 2‏:13\x* \m \v 16 مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ \m ئۆز قۇلۇڭغا كۈچۈڭنى بەرگەيسەن، \m دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن! \m \v 17 ماڭا ئۆچمەنلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈپ خىجىل بولۇشى ئۈچۈن، \m ئىلتىپاتىڭنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ماڭا كۆرسەتكىن؛ \m چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم قىلدىڭ، \m ماڭا تەسەللى بېرىپ كەلگەنسەن. \b \b \m \c 87 \s1 87-كۈي •••• زىئوننىڭ ئۇلۇغلۇقى \m \v 1 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ \m ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر.\f □ \fr 87:1 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر»\+bd* ــ «ئۇنىڭ ئۇلى» ــ خۇدانىڭ ئۇلى، دېمەك.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، \m ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان-جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛ \m \v 3 سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! \m سېلاھ. \m \v 4 «مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ \m مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ \m مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن.\f □ \fr 87:4 \ft \+bd «... ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن»\+bd* ــ «راھاب» بۇ يەردە مىسىرنى بىلدۈرىدۇ (مەنىسى: «تەكەببۇر». «يەش.» 7:30نى كۆرۈڭ). \+bd ««مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن... مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن»\+bd* ــ سۆزلىگۈچى خۇدا ئۆزى بولسا كېرەك.\f* \m \v 5 بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلىدۇ: ــ \m «بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ». \m \v 6 خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ \m «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. \m سېلاھ.\f □ \fr 87:6 \ft \+bd ««بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆز خۇدانىڭ يەھۇدىي بولمىغان («يات ئەللىك») ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئېتىقادى ئارقىلىق «ئۆزۈمگە تەۋە ئادەم، ئۆزۈمنىڭ ئائىلەمدىكى ئادەم» دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ: «يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 7 ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ \m «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!»\f □ \fr 87:7 \ft \+bd «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!»\+bd* ــ «سېنىڭدا» بەلكىم زىئوندا دېگەن مەنىدە. بەزى ئالىملار مەنىسىنى «خۇدا ئۆزىدە» دەپ قارايدۇ.\f* \b \b \m \c 88 \s1 88-كۈي •••• تۇم قاراڭغۇلۇق \m \v 1 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ \m نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، \m كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم.\f □ \fr 88:1 \ft \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ...»\+bd* ــ «ماخالات-لېئانوت»نىڭ مەنىسى نامەلۇم؛ بەزى ئالىملار «ئاجىزلىقتىكى دەردلەر» ياكى «خارلىقتىن چىققان كېسەل» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \m \v 2 دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ \m نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ \m \v 3 چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، \m ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان، \m \v 4 ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ \m كۈچ-مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم. \m \v 5 ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، \m قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ \m سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، \m ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان.\f □ \fr 88:5 \ft \+bd «ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان»\+bd* ــ مەنىسى، بەلكىم: «خۇدانىڭ ئىنسانلارغا دائىم كۆرسىتىدىغان كۆيۈمىدىن ئايرىلىغان» دېگەندەك.\f* \m \v 6 سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، \m زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ. \m \v 7 قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى، \m بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ. \m \v 8 مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛ \m ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛ \m مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن. \m \v 9 كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛ \m ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار، \m قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم. \m \v 10 ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟ \m مەرھۇملار ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا تەشەككۈر ئېيتارمۇ؟ \m \v 11 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟ \m ھالاكەت دىيارىدا سادىقلىق-ھەقىقىتىڭ ماختىلارمۇ؟ \m \v 12 كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟ \m ھەققانىيلىقىڭ «ئۇنتۇلۇش زېمىنى»دە بىلىنەرمۇ؟ \m \v 13 بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، \m تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ. \m \v 14 ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ \m نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟ \m \v 15 ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ \m ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى. \m \v 16 قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛ \m ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى. \m \v 17 ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى، \m تامامەن مېنى چۆمدۈردى. \m \v 18 جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، \m مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر!\f □ \fr 88:18 \ft \+bd «مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يار-بۇرادەرلىرىم قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلۈپ قالدى».\f* \b \b \m \c 89 \s1 89-كۈي •••• خۇدانىڭ داۋۇت ئۈچۈن بېكىتكەن مەڭگۈلۈك ئەھدىسى ــ نېمىشقا مەغلۇبىيەت ھەم مۇنقەرزلىك بولىدۇ؟ \m \v 1 ئەزراھلىق ئېتان يازغان «ماسقىل»: ــ \m پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، \m ئاغزىمدا دەۋردىن-دەۋرگىچە ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئايان قىلىمەن.\f □ \fr 89:1 \ft \+bd «ئەزراھلىق ئېتان يازغان «ماسقىل»: ــ ...»\+bd* ــ ئەگەر بۇ «ئېتان» داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە ياشىغان («1پاد.» 31:4-ئايەتتىكى «ئېتان») بولسا، بۇ كۈي بېشارەت بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا داۋۇتنىڭ خانىدانى تەختتىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن (بابىلدا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن) باشقا بىر ئېتان يازغان.\f* \m \v 2 چۈنكى مەن: ئۆزگەرمەس مۇھەببەت مەڭگۈگە تىكلىنىپ ماڭىدۇ، \m سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئەرشىئەلادا مۇستەھكەملەۋاتىسەن ــ دەپ بىلدىم؛ \m \v 3 سەن دېدىڭكى: ــ \m «مەن تاللىۋالغىنىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنمەن؛ \m قۇلۇم داۋۇتقا قەسەم قىلدىم: ــ \m \v 4 سېنىڭ ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىمەن، \m تەختىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قۇرۇپ چىقىمەن». \m سېلاھ. \m \v 5 ھەم ئاسمانلارمۇ سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭنى تەبرىكلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، \m مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇلار ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛\f □ \fr 89:5 \ft \+bd «مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇلار ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى مەدھىيىلەيدۇ»\+bd* ــ «مۇقەددەسلەر» ھەم 6-ئايەتتىكى «قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوغۇللىرى» پەرىشتىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 89:5 \xt زەب. 19‏:1-2\x* \m \v 6 چۈنكى ئاسمانلاردا پەرۋەردىگارنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ \m قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا پەرۋەردىگارغا ئوخشايدىغان كىم بار؟ \m \v 7 تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، \m ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر. \m \v 8 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m قۇدرەتلىك ياھ، \m ساڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ \m ئەتراپىڭدا ھەقىقەت-ساداقىتىڭ تۇرۇقلۇقتۇر. \m \v 9 دېڭىزنىڭ مەغرۇرلۇقى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىسەن، \m دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگەندە، سەن ئۇلارنى تىنچلاندۇرىسەن؛ \m \v 10 راھابنى ئۆلگۈدەك يانجىدىڭسەن، \m كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلىپ تارقىتىۋەتتىڭ.\f □ \fr 89:10 \ft \+bd «راھابنى ئۆلگۈدەك يانجىدىڭسەن»\+bd* ــ «راھاب» ھەم دېڭىز ئەجدىھاسى (جىن-شەيتانلارنىڭ بىر ئىپادىسى) ھەم مىسىرنىڭ بىر لەقىمى ئىدى. مەنىسى «مەغرۇر»دۇر («يەش.» 7:30نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 11 ئاسمانلار سېنىڭكى، يەرمۇ سېنىڭكىدۇر، \m جاھان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممىنى بەرپا قىلدىڭ.\x + \xo 89:11 \xt زەب. 24‏:1، 2\x* \m \v 12 شىمال ۋە جەنۇبنى، ئۇلارنى ياراتقانسەن، \m تابور ۋە ھەرمون چوققىلىرى نامىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەر. \m \v 13 قۇدرەتلىك بىلەك سېنىڭكىدۇر؛ \m كۈچلۈكتۇر سېنىڭ قولۇڭ، ئوڭ قولۇڭ ھەم كۆتۈرۈكلۈكتۇر. \m \v 14 تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، \m مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.\x + \xo 89:14 \xt زەب. 85‏:13؛ 97‏:2\x* \m \v 15 تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ \m ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار!\f □ \fr 89:15 \ft \+bd «تەنتەنە ساداسى»\+bd* ــ ياكى «غالىبىيەتنىڭ ۋارقىرىشى»، ياكى «ھېيتلىق تەنتەنىلەر».\f* \m \v 16 ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، \m ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى. \m \v 17 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ شان-شەرىپى ئۆزۈڭدۇرسەن، \m سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 89:17 \ft \+bd «سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ «مۈڭگۈز» مەلۇم ئەلنىڭ ياكى ئادەمنىڭ شان-شەرىپىنى، كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 18 چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر.\f □ \fr 89:18 \ft \+bd «چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى قالقىنىمىز پەرۋەردىگاردىن، شاھىمىز ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىندۇر».\f* \b \m \v 19 سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ \m «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، \m ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛\f □ \fr 89:19 \ft \+bd «سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن...»\+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق «2سام.» 8:7-17نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 20 قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، \m مۇقەددەس مېيىم بىلەن مەن ئۇنى مەسىھ قىلىپ تىكلىدىم.\x + \xo 89:20 \xt 1سام. 16‏:1،13\x* \m \v 21 قولۇم ئۇنىڭغا يار بولۇشقا بېكىتىلگەن، \m بىلىكىم ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. \m \v 22 دۈشمەن ئۇنىڭدىن ھېچ ئالۋان-سېلىق ئالمايدۇ، \m پەسكەش ئادەم ئۇنى قىستىمايدۇ؛\x + \xo 89:22 \xt 2سام. 7‏:10\x* \m \v 23 بەلكى مەن رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا يانجىيمەن، \m ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ \m \v 24 ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىم ھەم مېھىر-مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، \m ھەم مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدۇ. \m \v 25 مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىدە، \m ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىدە قويىمەن. \m \v 26 ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى: ــ \m «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، \m نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!».\x + \xo 89:26 \xt 2سام. 7‏:14؛ ئىبر. 1‏:4، 5\x* \m \v 27 مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، \m دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن.\x + \xo 89:27 \xt زەب. 2‏:7؛ 72‏:11؛ كول.1‏:15-18\x* \m \v 28 مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، \m مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛ \m \v 29 مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، \m ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن. \m \v 30 مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات-قانۇنۇمدىن چىقىپ، \m ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە،\x + \xo 89:30 \xt 2سام. 7‏:14\x* \m \v 31 بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، \m ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا، \m \v 32 ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، \m گۇناھىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن. \m \v 33 لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، \m ھەقىقەت-ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛ \m \v 34 مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، \m لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن. \m \v 35 مەن بىر قېتىم پاك-مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ \m داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن: ــ \x + \xo 89:35 \xt ئىبر. 6‏:13،17،18\x* \m \v 36 «ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ \m ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛\x + \xo 89:36 \xt مات. 27‏:45\x* \m \v 37 ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، \m ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». \m سېلاھ.\f □ \fr 89:37 \ft \+bd «ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار»\+bd* ــ «ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچى» يەنە ئاينى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.\f* \b \m \v 38 بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ \m سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ.\x + \xo 89:38 \xt زەب. 22‏:1؛ مات. 27‏:46؛ يەش. 53‏:3-6، 10 \x* \m \v 39 قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، \m ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ. \m \v 40 ئۇنىڭ بارلىق تام-پاسىللىرىنى يىقىتىپ، \m قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ.\x + \xo 89:40 \xt زەب. 80‏:12-13\x* \m \v 41 يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، \m ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى.\x + \xo 89:41 \xt زەب. 80‏:12-13\x* \m \v 42 ئۇنى ئەزگەنلەرنىڭ ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، \m پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلدىڭ. \m \v 43 بەرھەق، سەن ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ، \m جەڭدە ئۇنى تىك تۇرغۇزمىدىڭ. \m \v 44 ئۇنىڭ جۇلالىقىنى يوقىتىپ، \m ئۇنىڭ تەختىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتىڭسەن.\x + \xo 89:44 \xt يەش. 53‏:7-8\x* \m \v 45 ياشلىق كۈنلىرىنى سەن قىسقارتتىڭ، \m ئۇنى خىجالەتكە چۆمدۈردۈڭ. \m سېلاھ. \m \v 46 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ \m ئۆزۈڭنى ئەبەدىي يوشۇرىۋېرەمسەن؟ \m قەھرىڭ ئوت كەبى مەڭگۈ يانارمۇ؟ \m \v 47 ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! \m نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟ \m \v 48 قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ \m ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ \m سېلاھ.\x + \xo 89:48 \xt زەب. 49‏:6-12، 15\x* \m \v 49 سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە داۋۇتقا قەسەم ئىچكەن، \m ئاۋۋالقى مېھىر-مۇھەببەتلەر قەيەردە قالدى، يا رەببىم؟\x + \xo 89:49 \xt 2سام. 7‏:15\x* \m \v 50 قۇللىرىڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ياد ئەتكەيسەن، ئى رەب ــ \m مەن ئىچىمدە پۈتكۈل كۈچلۈك ئەللەرنىڭ مازاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ــ \m \v 51 دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغاننىڭ قەدەملىرىنى قانچىلىك مەسخىرىلىگىنىنى، \m ئى پەرۋەردىگار، ياد ئەتكەيسەن! \m \v 52 پەرۋەردىگارغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! \m ئامىن! ئامىن! \b \b \m \c 90 \s1 تۆتىنچى بۆلۈم •••• 90-كۈي •••• ھاياتنى قەدىرلەيدىغان دانالىق \m \v 1 خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى: ــ \m يا رەببىم، \m سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛ \m \v 2 تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، \m سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، \m ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن. \m \v 3 سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ: ــ \m «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن. \m \v 4 مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ \m ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، \m تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس. \m \v 5 سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، \m ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، \m تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ ــ \m \v 6 ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، \m كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر. \m \v 7 چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، \m قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز. \m \v 8 سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، \m يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ. \m \v 9 بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، \m يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز. \m \v 10 ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، \m ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ \m بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ \m ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، \m مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق. \m \v 11 ساڭا بولغان ھۆرمەت-ئەيمىنىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، \m ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟ \m \v 12 شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، \m كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن! \m \v 13 يېنىمىزغا قايتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سېنى قاچانغىچە...؟! \m قۇللىرىڭغا رەھىم قىلغايسەن! \m \v 14 بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ \m ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز. \m \v 15 سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، \m كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن! \m \v 16 ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ قۇللىرىڭغا كۆرۈنگەي، \m شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ئاشكارا بولغاي! \m \v 17 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ شېرىن مەرھەمىتى ئۈستىمىزدە بولغاي، \m قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغايسەن، \m بەرھەق، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن! \b \b \m \c 91 \s1 91-كۈي •••• خۇدانىڭ ھەرخىل يامانلىقتىن، جىن-شەيتانلاردىن قوغدىشى \m \v 1 ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، \m ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ. \m \v 2 مەن پەرۋەردىگارنى: ــ \m «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ \m مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن. \m \v 3 بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، \m شۇم ۋابا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ.\x + \xo 91:3 \xt زەب. 124‏:7\x* \m \v 4 ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ \m قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ \m ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر.\x + \xo 91:4 \xt زەب. 57‏:1\x* \m \v 5 سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، \m نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن،\x + \xo 91:5 \xt ئايۇپ 5‏:19،20؛ پەند. 3‏:25؛ كۈي. 3‏:8\x* \m \v 6 نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، \m نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن. \m \v 7 سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، \m ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، \m لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ. \m \v 8 سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، \m پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن. \m \v 9 پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، \m \v 10 بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، \m ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ. \m \v 11 ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ.\x + \xo 91:11 \xt زەب. 34‏:7؛ مات. 4‏:6؛ لۇقا 4‏:10\x* \m \v 12 ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، \m ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.\x + \xo 91:12 \xt لۇقا 4‏:11\x* \m \v 13 شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، \m ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن.\x + \xo 91:13 \xt ئايۇپ 5‏:22،23\x* \m \v 14 «ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، \m مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ \m ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن. \m \v 15 ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ \m ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ \m مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن. \m \v 16 ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، \m ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن». \b \b \m \c 92 \s1 92-كۈي •••• مەدھىيە \m \v 1 شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ \b \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، \m نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى!\f □ \fr 92:1 \ft \+bd «شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا...»\+bd* ــ «شابات كۈنى» ــ شەنبە كۈنى، يەنى خۇدا يەھۇدىي خەلقىگە بېكىتكەن ئارام ئېلىش كۈنى.\f* \m \v 2 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، \m كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش، \m \v 3 ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، \m چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر! \m \v 4 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، \m قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن. \m \v 5 پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! \m ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر! \m \v 6 بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، \m ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس،\x + \xo 92:6 \xt زەب. 94‏:8؛ پەند. 12‏:1\x* \m \v 7 رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، \m مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!\f □ \fr 92:7 \ft \+bd «مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!»\+bd* ــ ياكى «بۇ ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈن بولىدۇ!».\f* \m \v 8 لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن. \m \v 9 چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، \m مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ \m بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ! \m \v 10 مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛ \m بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ. \m \v 11 مېنى قەست قىلغانلارنىڭ \add مەغلۇبىيىتىنى\add* ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛ \m ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ \add تەن بەرگەنلىكىنىمۇ\add* قۇلىقىم ئاڭلايدۇ. \m \v 12 ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ \m ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ.\x + \xo 92:12 \xt ھاك. 9‏:15؛ ھوش. 14‏:6\x* \m \v 13 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر، \m خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛ \m \v 14 ئۇلار قېرىغاندىمۇ يەنە مېۋە بېرىدۇ، \m سۇلۇق ھەم يېشىل ئۇلار؛ \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگار دۇرۇستۇر، دەپ ئىسپاتلايدۇ؛ \m ئۇ مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، \m ئۇنىڭدا ھېچ ناھەقلىك يوقتۇر! \b \b \m \c 93 \s1 93-كۈي •••• پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ھۆكۈمراندۇر \m \v 1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! \m ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ \m پەرۋەردىگار كىيىنگەن، \m ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛ \m بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، \m ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. \m \v 2 سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛ \m سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن! \m \v 3 كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، \m كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! \m كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى! \m \v 4 كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، \m دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن، \m ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر!\f □ \fr 93:4 \ft \+bd «دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلار»\+bd* ــ «دولقۇنلار» ئىبرانىي تىلىدا «چېقىۋەتكۈچىلەر».\f* \m \v 5 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر! \m كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار، \m ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر. \b \b \m \c 94 \s1 94-كۈي •••• ئىنتىقام ئالغۇچى خۇدا ئادىل سوتلىسۇن! \m \v 1 ئى ئىتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پەرۋەردىگار! \m ئى ئىنتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پارلىغايسەن! \m \v 2 كۆتۈرۈلگىن، ئۆزۈڭنى كۆتۈرگىن، ئى جاھاننى سوراق قىلغۇچى، \m مەغرۇرلارغا جازاسىنى بەرگىن! \m \v 3 قاچانغىچە رەزىللەر، ئى پەرۋەردىگار، \m قاچانغىچە رەزىللەر تەنتەنە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ؟ \m \v 4 قاچانغىچە ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەپ ۋالاقشىيدۇ، \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوغان گەپ قىلىپ يۈرىدۇ؟ \m \v 5 ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىدۇ، ئى پەرۋەردىگار، \m سېنىڭ مىراسىڭغا جەبىر-جاپا سالماقتا. \m \v 6 تۇل ئايال ۋە غېرىپ-مۇساپىرلارنى قىرىپ، \m يېتىم-يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ: ــ \m \v 7 «ياھ كۆرمەيدۇ»، \m «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، ــ دەيدۇ.\x + \xo 94:7 \xt زەب. 10‏:11،13؛ 59‏:7\x* \m \v 8 سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! \m ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟\x + \xo 94:8 \xt زەب. 92‏:6؛ پەند. 12‏:1\x* \m \v 9 قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ \m كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟\x + \xo 94:9 \xt مىس. 4‏:11\x* \m \v 10 ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، \m ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟ \m \v 11 پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ.\x + \xo 94:11 \xt 1كور. 3‏:20\x* \b \m \v 12 سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، \m يەنى سەن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر! \m \v 13 شۇنداق قىلىپ، تاكى پاسىقلار ئۈچۈن ئورەك كولانغۇچە ــ \m سەن ئۇنى يامان كۈنلەردىن خاتىرجەم ساقلايسەن. \m \v 14 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەيدۇ، \m ياكى ئۆز مىراسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.\x + \xo 94:14 \xt 1سام. 12‏:22؛ رىم. 11‏:1، 2\x* \m \v 15 چۈنكى ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، \m بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ.\f □ \fr 94:15 \ft \+bd «چۈنكى ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ.»\+bd* ــ دېمەك، ئادىل پادىشاھ-ئەمىرلەر يەنە ھوقۇق تۇتىدۇ، ياكى ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان پادىشاھ توۋا قىلىدۇ؛ ئاندىن دۇرۇس ئادەملەر ئۇلارنى قوللايدۇ.\f* \m \v 16 مەن ئۈچۈن يامانلار بىلەن قارشىلىشىشقا كىم ئورنىدىن تۇرىدۇ؟ \m مەن ئۈچۈن قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشىقا كىم مەيدانغا چىقىدۇ؟ \m \v 17 ئەگەر پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولمىغان بولسا، \m جېنىم بالدۇر چىقىپ سۈكۈت دىيارىدا ياتار ئىدى.\f □ \fr 94:17 \ft \+bd «سۈكۈت دىيارى»\+bd* ــ ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 18 ئايىغىم پۇتلىشاي دېگىنىدە، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مېنى يۆلىدى. \m \v 19 ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، \m سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى. \m \v 20 ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، \m ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، \m سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟ \m \v 21 ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، \m بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا. \m \v 22 بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ \m ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر. \m \v 23 ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، \m بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار. \b \b \m \c 95 \s1 95-كۈي •••• ھەقىقىي ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش كېرەك \m \v 1 كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى، \m نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى! \m \v 2 تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى، \m ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى! \m \v 3 چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، \m پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر.\f □ \fr 95:3 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئىلاھلار»: (1) تائىپىلار چوقۇنىدىغان بۇتلارنى (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلارنى ــ «زەب.» 4:96-5، «1كور.» 4:8-6 ۋە 19:10-21نى كۆرۈڭ) ياكى (2) خۇدانىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولغان ئىسرائىل ھاكىملىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، \m تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر. \m \v 5 دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛ \m قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى. \m \v 6 كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، \m پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى! \m \v 7 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، \m بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، \m ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. \m بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،\x + \xo 95:7 \xt زەب. 100‏:3؛ ئىبر. 3‏:7\x* \m \v 8 ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، \m يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!\f □ \fr 95:8 \ft \+bd «ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!»\+bd* ــ «مەرىباھ» ۋە «ماسساھ» دېگەن جايلاردا ئىسرائىللار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان-ئاسىيلىق كۆتۈرگەن. بۇ ۋەقەلەر «مىس.» 17-باب، «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 95:8 \xt مىس. 17‏:7؛ چۆل. 20‏:1،3،13؛ قان. 6‏:16\x* \m \v 9 مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى.\x + \xo 95:9 \xt ئىبر. 3‏:9\x* \m \v 10 مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ \m «بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر، \m مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم.\x + \xo 95:10 \xt ئىبر. 3‏:17\x* \m \v 11 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ \m «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم.\f □ \fr 95:11 \ft \+bd «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ»\+bd* ــ «مېنىڭ ئارامگاھىم» (1) خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن شۇ دەۋردە ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. (2) «ئارامگاھ» پەقەت زېمىننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا»، 4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 96 \s1 96-كۈي •••• ئالەم ئىگىسى كېلىدۇ! \m \v 1 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! \m پۈتكۈل يەر يۈزى، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار!\x + \xo 96:1 \xt 1تار. 16‏:23-33\x* \m \v 2 پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، \m نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! \m \v 3 ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، \m ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار! \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! \m ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛\f □ \fr 96:4 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇ دەھشەتلىك-قورقۇنچلۇقتۇر».\f* \m \v 5 چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، \m بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر.\f □ \fr 96:5 \ft \+bd «... بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس»\+bd* ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر».\f* \m \v 6 شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، \m مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ. \m \v 7 پەرۋەردىگارغا \add تەئەللۇقىنى\add* بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، \m پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!\f □ \fr 96:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم شۇنى بىلدۈرىدۇكى، خۇداغا ئۆزىگە لايىق شان-شەرەپ كەلتۈرسەك، بۇ قىلغىنىمىز ئۇنىڭغا بىز ئارقىلىق ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى تېخىمۇ كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ.\f* \m \v 8 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان-شۆھرەتنى بەرگەيسىلەر؛ \m سوۋغا-سالام ئېلىپ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار! \m \v 9 پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ \m پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار!\f □ \fr 96:9 \ft \+bd «... پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار»\+bd* ــ ياكى «... پاك-مۇقەددەس ئېگىنلەرنى كىيىپ سەجدە قىلىڭلار».\f*  \x + \xo 96:9 \xt زەب. 29‏:2\x* \m \v 10 ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار: ــ \m «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! \m شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. \m ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. \m \v 11 ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، \m دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! \m \v 12 13 دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! \m ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ \m چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! \m ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ \m ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، \m خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.\x + \xo 96:12 \xt زەب. 98‏:7-8؛ ۋەھ. 19‏:11\x* \b \b \m \c 97 \s1 97-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ سەلتەنىتى كېلىدۇ! \m \v 1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! \m يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، \m كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن!\x + \xo 97:1 \xt زەب. 93‏:1؛ 96‏:10\x* \m \v 2 بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، \m ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛ \m \v 3 ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، \m ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛ \m \v 4 ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، \m يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛\x + \xo 97:4 \xt زەب. 77‏:16-18؛ ۋەھ. 4‏:5\x* \m \v 5 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، \m پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، \m تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ. \m \v 6 ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، \m بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ.\x + \xo 97:6 \xt زەب. 19‏:1؛ 50‏:6\x* \m \v 7 ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، \m بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. \m بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!\f □ \fr 97:7 \ft \+bd «ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...»\+bd* ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». \+bd «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!»\+bd* ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \v 8 سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، \m زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، \m يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى. \m \v 9 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ \m سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن! \m \v 10 پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! \m ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، \m رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ.\x + \xo 97:10 \xt ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9\x* \m \v 11 ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، \m دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛ \m \v 12 پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، \m ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار! \b \b \m \c 98 \s1 98-كۈي •••• پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا كېلىدۇ! \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛ \m چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛ \m ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى \m ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى. \m \v 2 پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ \m ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى. \m \v 3 ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى، \m زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى. \m \v 4 پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛ \m تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار! \m \v 5 پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار، \m چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن! \m \v 6 كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن، \m پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛ \m \v 7 دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ، \m جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن! \m \v 8 كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛ \m پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛ \m \v 9 چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ \m ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، \m خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. \b \b \m \c 99 \s1 99-كۈي •••• مۇقەددەس خۇداغا مەدھىيە \m \v 1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! \m خەلقلەر تىترىسۇن! \m ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ \m يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن! \m \v 2 پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر، \m ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر. \m \v 3 ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ \m ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! \m \v 4 پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛ \m ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛ \m سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن. \m \v 5 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! \m تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ \m ئۇ مۇقەددەستۇر! \m \v 6 ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى، \m نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛ \m ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى، \m ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى. \m \v 7 خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛ \m ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى. \m \v 8 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛ \m يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ، \m سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ. \m \v 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! \m ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! \m چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر! \b \b \m \c 100 \s1 100-كۈي •••• پۈتكۈل يەر يۈزى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ياڭرىتىڭلار! \m \v 1 تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ \b \m ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! \m \v 2 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، \m ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! \m \v 3 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ \m بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! \m بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، \m ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز.\f □ \fr 100:3 \ft \+bd «بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز».\f*  \x + \xo 100:3 \xt زەب. 95‏:6-7؛ ئ‍ەز. 34‏:30، 31\x* \m \v 4 دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، \m ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ \m ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! \m \v 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ \m ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، \m ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر! \b \b \m \c 101 \s1 101-كۈي •••• ئادىل پادىشاھ بولۇشقا بەل باغلاش \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، \m سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن. \m \v 2 مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ \m سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ \m ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن. \m \v 3 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، \m يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ \m بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا. \m \v 4 ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، \m ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر. \m \v 5 كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، \m مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ \m نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛ \m \v 6 كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، \m ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! \m كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ. \m \v 7 ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، \m يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ. \m \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، \m ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن.\f □ \fr 101:8 \ft \+bd «ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن»\+bd* ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.\f* \b \b \m \c 102 \s1 102-كۈي \m \v 1 ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: ــ \b \m دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن! \m \v 2 يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ \m قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ \m مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن! \m \v 3 مانا، كۈنلىرىم ئىس-تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ، \m ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن-چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى!\x + \xo 102:3 \xt زەب. 37‏:20\x* \m \v 4 يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى، \m ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم. \m \v 5 مەن ئاھۇ-زار تارتقانلىقىمدىن، \m ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى. \m \v 6 چۆل-باياۋاندىكى ساقىيقۇشتەك، \m ۋەيرانچىلىقتا قونۇپ يۈرگەن ھۇۋقۇشقا ئوخشايمەن. \m \v 7 ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇپ كۆزەتتىمەن؛ \m ئۆگزىدە يالغۇز قالغان قۇشقاچ كەبىمەن. \m \v 8 دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلماقتا، \m مېنى ھاقارەتلىگەنلەر ئىسمىمنى لەنەت ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. \m \v 9‏-10 قەھرىڭ ھەم ئاچچىقىڭ تۈپەيلىدىن، \m كۈلنى نان دەپ يەۋاتىمەن، \m ئىچىملىكىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئارىلاشتۇرىمەن؛ \m چۈنكى سەن مېنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇردۇڭ. \m \v 11 كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى، \m ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم.\f □ \fr 102:11 \ft \+bd «كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى»\+bd* ــ «قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك» ــ قۇياش پاتقاندا، كۆلەڭگىلەر ئۇزىراپ، ئاندىن تۇيۇقسىز غايىپ بولىدۇ.\f* \m \v 12 لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن، \m سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. \m \v 13 سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن، \m زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛ \m چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى، \m ھە، ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى! \m \v 14 چۈنكى قۇللىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ، \m ھەم تۇپرىقىغىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ \m \v 15 ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، \m يەر يۈزىدىكى شاھلار شان-شەرىپىڭدىن ئەيمىنىدۇ. \m \v 16 مانا، پەرۋەردىگار زىئوننى قايتىدىن قۇرغاندا، \m ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدە كۆرۈنىدۇ! \m \v 17 ئۇ غېرىب-مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ. \m \v 18 بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ؛\f □ \fr 102:18 \ft \+bd «بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 30:22-31نى، «يەش.» 10:53نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 19‏-20 چۈنكى ئۇ ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاي دەپ، \m ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ئازاد قىلاي دەپ، \m ئېگىزدىكى مۇقەددەس جايىدىن ئېڭىشىپ نەزەر سالدى، \m ئەرشلەردىن پەرۋەردىگار يەرگە قارىدى؛ \m \v 21‏-22 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولايلى دېگەندە، \m يەنى ئەل-مەملىكەتلەر جەم يىغىلغان ۋاقتىدا ــ \m پەرۋەردىگارنىڭ نامى زىئوندا، \m ئۇنىڭ شەرەپلىرى يېرۇسالېمدا جاكارلىنىدۇ! \b \m \v 23 بىراق ئۇ مېنى يولدا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، \m كۈنلىرىمنى قىسقارتتى. \m \v 24 مەن: «تەڭرىم، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا مېنى ئېلىپ كەتمە!» ــ دېدىم. \m ــ «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر،\f □ \fr 102:24 \ft \+bd «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر...»\+bd* ــ 24-28-ئايەتلەردىكى سۆزلەرنى («سېنىڭ يىللىرىڭ...» دېگەن سۆزلەردىن باشلاپ) خۇدانىڭ قۇلىنىڭ خۇداغا ئېيتقىنى ئەمەس، بەلكى \+bd خۇدانىڭ ئۆز قۇلىنىڭ ئىلتىجاسىغا بەرگەن جاۋابى\+bd* دەپ قارايمىز. ئايەتلەرنىڭ باغلىنىش جەھەتلىرىدىن شۇنداق قارىدۇق. كونا گرېكچە تەرجىمىسىدىكى (LXXدىكى) قاراشمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇ سۆزلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھكە ئېيتىلغان، دەپ قارايمىز. ئىنجىل، «ئىبر.» 1-بابنىمۇ كۆرۈڭ. \fp (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە، گرېك ئىمپېرىيەسىدە تارىلىپ كەتكەن كۆپ يەھۇدىيلار ئىبرانىي تىلىنى بىلمەيتتى. ئۇلار تەۋراتنى ئوقۇيالمىغاچقا، شۇ چاغدا ئۇلارنى دەپ، تەۋراتنىڭ بىر گرېكچە تەرجىمىسى ئىشلەنگەن. بۇ تەرجىمە «سەپتۇئاگىنت» دېيىلىدۇ («قىسقىچە «LXX»)).\f* \m \v 25 سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، \m ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ \m \v 26 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، \m بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، \m شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. \m \v 27 بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، \m يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر. \m \v 28 قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!». \b \b \m \c 103 \s1 103-كۈي •••• «خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىش» \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم؛ \m ئى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر قايتۇر! \m \v 2 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، \m ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛ \m \v 3 ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، \m بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛ \m \v 4 ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، \m بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ. \m \v 5 كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ؛ \m ياشلىقىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يېڭىلىنىدۇ.\f □ \fr 103:5 \ft \+bd «كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئارىسىدا «يىللىرىڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 6 پەرۋەردىگار بارلىق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ؛ \m \v 7 ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا، \m قىلغانلىرىنى ئىسرائىللارغا نامايان قىلغان. \m \v 8 پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، \m ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، \m ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ.\x + \xo 103:8 \xt مىس. 34‏:6؛ چۆل. 14‏:18؛ قان. 5‏:10؛ نەھ. 9‏:17؛ زەب. 86‏:15؛ 145‏:8؛ يەر. 32‏:18\x* \m \v 9 ئۇ ئۇزۇنغىچە ئەيىبلەۋەرمەيدۇ، \m ياكى تا مەڭگۈگە غەزىپىدە تۇرىۋەرمەيدۇ.\x + \xo 103:9 \xt يەش. 57‏:16؛ يەش. 3‏:5\x* \m \v 10 ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، \m بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس. \m \v 11 ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، \m ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر. \m \v 12 شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، \m بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى. \m \v 13 ئاتا بالىلىرىغا قانداق كۆيۈنگەن بولسا، \m پەرۋەردىگارمۇ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا شۇنداق مېھرىباندۇر. \m \v 14 چۈنكى ئۇ ئۆزى بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ، \m تۇپراقتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇ ئېسىگە ئالىدۇ. \m \v 15 ئىنسان بولسا ــ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، \m دالادىكى گۈلدەك ئۈنۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ؛\x + \xo 103:15 \xt ئايۇپ 14‏:1، 2؛ زەب. 90‏:5، 6؛ ياق. 1‏:10، 11؛ 1پېت. 1‏:24\x* \m \v 16 ئۇنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، \m ئۇ يوق بولىدۇ، ئەسلىي ماكانىمۇ ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. \m \v 17‏-18 لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، \m ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، \m كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، \m پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، \m ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر.\x + \xo 103:17‏-18 \xt قان. 7‏:9\x* \m \v 19 پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، \m ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m \v 20 ئى سۆزىگە قۇلاق سالغۇچى، \m كالامىنى ئىجرا قىلغۇچى، قۇدرىتى زور بولغان ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى، \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! \m \v 21 ئى سىلەر، ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى، \m ئىرادىسىنى ئادا قىلغۇچى خىزمەتكارلىرى، \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!\x + \xo 103:21 \xt يار. 32‏:1؛ 1پاد. 22‏:19؛ ئ‍ەف. 3‏:10؛ كول. 1‏:16\x* \m \v 22 ئى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىغانلىرى، \m ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بارلىق جايلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! \m ئى مېنىڭ جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر! \b \b \m \c 104 \s1 104-كۈي •••• خۇدانىڭ ياراتقانلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش \m \v 1 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! \m ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ \m شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛ \m \v 2 لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، \m ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن.\x + \xo 104:2 \xt يار. 1‏:6؛ ئايۇپ 26‏:7\x* \m \v 3 ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، \m بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، \m شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛\x + \xo 104:3 \xt زەب. 18‏:10-11؛ يەش. 19‏:1؛ ۋەھ. 14‏:14\x* \m \v 4 ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، \m خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ.\x + \xo 104:4 \xt ئىبر. 1‏:7\x* \m \v 5 يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ \m ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ.\x + \xo 104:5 \xt ئايۇپ 26‏:7؛ 38‏:4، 5، 6؛ زەب. 24‏:1-2؛ 78‏:69\x* \m \v 6 لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، \m سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى.\f □ \fr 104:6 \ft \+bd «لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى توپاننى كۆرسىتىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار ئۇنى يارىتىلىش جەريانىدىكى ئۈچىنچى كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 7 سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، \m گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛ \m \v 8 تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، \m ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، \m \add سۇلار\add* سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى.\f □ \fr 104:8 \ft \+bd «تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، سۇلار سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلار (سۇلار) تاغلارغا چىقىپ، ۋادىلاردىن چۈشۈپ، سەن بېكىتكەن جايغا ئېقىپ كەتتى».\f* \m \v 9 ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، \m سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن. \m \v 10 \add تەڭرى\add* ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، \m سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ. \m \v 11 دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، \m ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. \m \v 12 كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، \m دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ. \m \v 13 ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ \m يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ! \m \v 14 ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، \m ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، \m شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛ \m \v 15 ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، \m ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ \m ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛ \m \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، \m يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى \add سۇ ئىچىپ\add* قانائەتلىنىدۇ. \m \v 17 ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، \m لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ. \m \v 18 ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، \m تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ.\f □ \fr 104:18 \ft \+bd «تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ»\+bd* ــ «سۇغۇرلار» (ياكى «سىچقانلار») كىچىك بىر ھايۋان.\f* \m \v 19 پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، \m قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ. \m \v 20 سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ \m ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ. \m \v 21 ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، \m تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛\x + \xo 104:21 \xt ئايۇپ 38‏:39،40؛ يەش. 31‏:4\x* \m \v 22 قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، \m قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ. \m \v 23 ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، \m تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ. \m \v 24 ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! \m ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، \m يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى. \m \v 25 ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! \m ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، \m چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار. \m \v 26 شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، \m ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛\f □ \fr 104:26 \ft \+bd «ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار»\+bd* ــ «لېۋىئاتان» ــ 14:74-ئايەتتىكى ھەم «ئايۇپ» 1:41-ئايەتتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 27 ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، \m بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ.\x + \xo 104:27 \xt زەب. 145‏:15\x* \m \v 28 ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، \m قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ. \m \v 29 يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، \m روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، \m يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.\x + \xo 104:29 \xt زەب. 30‏:7\x* \m \v 30 روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، \m يەر-يۈزى يېڭى \add بىر دەۋر بىلەن\add* ئالمىشىدۇ. \m \v 31 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، \m پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. \m \v 32 ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، \m تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ. \m \v 33 ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ \m ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن.\x + \xo 104:33 \xt زەب. 63‏:4؛ 146‏:2\x* \m \v 34 ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! \m پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن! \m \v 35 گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، \m رەزىللەر يوق بولىدۇ. \m ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! \m ھەمدۇسانا!\f □ \fr 104:35 \ft \+bd «ھەمدۇسانا!»\+bd* ــ بۇ يەردە (شۇنداقلا زەبۇرنىڭ باشقا يەرلىرىدە) «ھەمدۇسانا» ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاللېلۇياھ»، يەنى «ياھنى مەدھىيىلەڭلار» دېگەن سۆزنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \b \m \c 105 \s1 105-كۈي •••• خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتكەن مۆجىزە ھەم شاپائەتلەرنىڭ تارىخى \m \v 1 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار، \m ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار!\f □ \fr 105:1 \ft \+bd «ئۇنىڭ (پەرۋەردىگارنىڭ) قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار!»\+bd* ــ بۇ ئۇلۇغ كۈيدە «يار.» 12-41 بابلار، «مىس.» 1-24 بابلاردىكى تارىخ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 105:1 \xt 1تار. 16‏:8-22\x* \m \v 2 ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار؛ \m ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. \m \v 3 مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، \m پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن!\x + \xo 105:3 \xt زەب. 34‏:2-3\x* \m \v 4 پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، \m دىدار-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. \m \v 5 ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، \m كارامەت-ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، \m \v 6 ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، \m ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! \m \v 7 ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، \m ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. \m \v 8 ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ ــ \m ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ \m \v 9 يەنى ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، \m ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. \m \v 10 ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، \m ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ \f □ \fr 105:10 \ft \+bd «ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى...»\+bd* ــ بۇ يەردە «ياقۇپ» ياقۇپنىڭ ئۆزىنى (ئىسرائىل خەلقى ئەمەس) كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 105:10 \xt يار. 28‏:13؛ 35‏:11؛ 1تار. 16‏:17\x* \m \v 11 «ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، \m ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى،\x + \xo 105:11 \xt يار. 13‏:15؛ 15‏:18\x* \m \v 12 ــ گەرچە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز، \m ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، شۇ يەردىكى مۇساپىرلار بولسىمۇ.\x + \xo 105:12 \xt 1تار. 16‏:19\x* \m \v 13 ئۇلار ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا، \m بۇ ئەلدىن ئۇ قەبىلىگە كېزىپ يۈردى؛ \m \v 14 ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، \m ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ \x + \xo 105:14 \xt يار. 35‏:5\x* \m \v 15 مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، \m پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما! ــ دېدى.\f □ \fr 105:15 \ft \+bd «مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!»\+bd* ــ مەسىلەن «يار» 3:20-7.\f* \m \v 16 ئۇ ئاشۇ يۇرتقا ئاچارچىلىقنى بۇيرۇدى، \m تىرەك بولغان ئاش-ناننى قۇرۇتۇۋەتتى.\f □ \fr 105:16 \ft \+bd «ئۇ... تىرەك بولغان ئاش-ناننى قۇرۇتۇۋەتتى»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «ئۇ پۈتۈن نان (ناننى كۆتۈرىدىغان) ھاسىسىنى سۇندۇرىۋەتتى». مۇمكىنچىلىكى باركى، قەدىمكى زامانلاردا يەھۇدىي خەلقى ئۆز نانلىرىنى بىر ھاسىدا (زىختا تىزىلغاندەك) كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ھەرھالدا ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك بولسا كېرەك.\f* \m \v 17 ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى، \m يۈسۈپ قۇل قىلىپ سېتىلغانىدى.\f □ \fr 105:17 \ft \+bd «ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى»\+bd* ــ خۇدا يۈسۈپنى ئەۋەتتى. ئەمەلىيەتتە يۈسۈپنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئۆزىنى مىسىرلىقلارغا قۇل بولۇشقا سېتىۋېتىشى دەل خۇدانىڭ پىلانى ئىدى؛ شۇڭا «خۇدا يۈسۈپنى ئەۋەتتى» دېگىلى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 105:17 \xt يار. 37‏:28،36؛ 45‏:5\x* \m \v 18 ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە ئاغرىدى، \m ئۇنىڭ جېنى تۆمۈرگە كىرىپ قىسىلدى؛ \m \v 19 شۇنداقلا تا ئۆزىگە ئېيتىلغان ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە، \m پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنى سىناپ تاۋلىدى؛ \m \v 20 پىرەۋن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى بوشاتقۇزدى، \m قوۋملارنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنى ھۆرلۈككە چىقاردى. \m \v 21 ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا غوجىدار قىلىپ قويدى، \m پۈتۈن مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ،\x + \xo 105:21 \xt يار. 41‏:40\x* \m \v 22 ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ تەربىيىلىنىشكە، \m ئاقساقاللىرىغا دانالىق ئۆگىتىشكە تاپشۇردى. \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، \m ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى.\f □ \fr 105:23 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «ئىسرائىل» ھەم «ياقۇپلار» ھەزرىتى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى (شۇ چاغدا 70چە ئادەم) كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 24 \add پەرۋەردىگار\add* ئۆز خەلقىنى كۆپ نەسىللىك قىلىپ، \m ئەزگۈچىلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى.\x + \xo 105:24 \xt مىس. 1‏:7، 9\x* \m \v 25 ئۇ \add مىسىرلىقلارنىڭ\add* قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، \m ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى.\x + \xo 105:25 \xt مىس. 1‏:9،10،12\x* \m \v 26 ئۇ ئۆز قۇلى بولغان مۇسانى، \m ئۆزىنىڭ تاللىغىنى ھارۇننى يوللىدى.\x + \xo 105:26 \xt مىس. 3‏:10؛ 4‏:12\x* \m \v 27 ئۇلار \add مىسىردا\add* ئىلاھىي ئالامەتلەرنى ئايان قىلىپ، \m ھام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئورناتتى.\x + \xo 105:27 \xt مىس. 7‏:9\x* \m \v 28 پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، \m \add زېمىننى\add* زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ \m \add مىسىرلىقلار\add* ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 105:28 \ft \+bd «پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، زېمىننى زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، قاراڭغۇلۇقلار بولسا ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق كۆرسەتمىدى».\f* \m \v 29 ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇردى، \m بېلىقلىرىنى قۇرۇتىۋەتتى. \m \v 30 ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى مىژ-مىژ پاقىلار باستى، \m شاھ-ئەمىرلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغىمۇ ئۇلار تولۇپ كەتتى. \m \v 31 ئۇ بىر سۆز بىلەنلا، غۇژ-غۇژ چىۋىنلار بېسىپ كەلدى؛ \m ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا غىڭ-غىڭ ئۇچار چۈمۈلىلەر. \m \v 32 ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، \m بۇ زېمىنغا يالقۇنلۇق ئوت چۈشۈردى. \m \v 33 ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى، ئەنجۇر دەرەخلىرىنى ئۇردى، \m زېمىندىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى. \m \v 34 ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، \m سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ، \m \v 35 زېمىنىدا بار بولغان گىياھلارنى يۇتۇۋەتتى، \m ئېتىزلارنىڭ بارلىق ھوسۇللىرىنى يەپ تۈگەتتى. \m \v 36 \add ئاخىردا\add* زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، \m ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.\x + \xo 105:36 \xt زەب.78‏:51\x* \m \v 37 ئۆز خەلقىنى بولسا، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرگۈزۈپ چىقاردى، \m قەبىلىلىرىدە بىرسىمۇ يىقىلىپ چۈشۈپ قالغىنى يوق. \m \v 38 ئۇلارنىڭ چىققىنىغا مىسىر خۇشال بولدى، \m چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى \add مىسىرلىقلارغا\add* چۈشتى.\x + \xo 105:38 \xt مىس. 12‏:33\x* \m \v 39 ئۇ ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن بولۇشقا، \m ئوتنى تۈندە نۇر بولۇشقا بەردى. \m \v 40 ئۇلار سورىدى، ئۇ بۆدىنىلەرنى چىقاردى، \m ئۇلارنى ساماۋىي نان بىلەن قاندۇردى. \m \v 41 ئۇ تاشنى ياردى، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقتى؛ \m قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى. \m \v 42 چۈنكى ئۇ بەرگەن مۇقەددەس سۆزىنى، \m ئۆز قۇلى ئىبراھىمنى ئەستە تۇتتى.\x + \xo 105:42 \xt يار. 15‏:14\x* \m \v 43 ئۇ خەلقىنى شاد-خۇراملىق بىلەن، \m ئۆز تاللىغىنىنى شادىيانە تەنتەنىلەر بىلەن \add ئازادلىققا\add* چىقاردى.\x + \xo 105:43 \xt مىس. 14‏:8؛ چۆل. 33‏:3\x* \m \v 44 ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىپ، \m ئۇلارنى خەلقلەرنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى، \m \v 45 بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، \m قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى! \m ھەمدۇسانا!\x + \xo 105:45 \xt مىس. 19‏:4، 5، 6؛ قان. 4‏:1، 40؛ 6‏:21، 22، 23، 24، 25\x* \b \b \m \c 106 \s1 106-كۈي •••• خۇدانىڭ ۋاپادارلىقى ۋە سەۋر-تاقىتى؛ ئىنساننىڭ ۋاپاسىزلىقى \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! \m چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى.\f □ \fr 106:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار... مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى...»\+bd* ــ بۇ كۈيدە تەۋراتتىكى «مىس.» 1-24-بابلار، «چۆل.» 11-17، 20-بابلار، «يەشۇئا»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «پادىشاھلار» دېگەن قىسىملاردىكى تارىخ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 106:1 \xt 1تار. 16‏:34-36؛ زەب. 107‏:1؛ 118‏:1؛ 136‏:1\x* \m \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ \m ئۇنىڭ بار شان-شۆھرىتىنى كىم جاكارلاپ بېرەلەيدۇ؟ \m \v 3 بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان، \m دائىم ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگەن كىشى! \m \v 4 خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن!\f □ \fr 106:4 \ft \+bd «نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نىجاتلىقىڭ بىلەن مېنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي، \m ئۆز ئېلىڭنىڭ شادلىقى بىلەن شاد بولاي، \m ئۆز مىراسىڭ \add بولغان خەلقىڭ\add* بىلەن پەخىرلىنىپ، يايراپ يۈرەي! \m \v 6 بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، \m قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق.\x + \xo 106:6 \xt لاۋ. 26‏:40؛ يەر. 3‏:25؛ دان. 9‏:5\x* \m \v 7 مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي، \m كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛ \m بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى.\x + \xo 106:7 \xt مىس. 14‏:11،12\x* \m \v 8 بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ، \m ئۆز نامى ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزدى.\x + \xo 106:8 \xt مىس. 9‏:16\x* \m \v 9 ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن، \m ئۇ قۇپقۇرۇق بولدى؛ \m خۇددى قاغجىراق چۆللۈكتىن يېتەكلەپ ماڭغاندەك، \m ئۇ ئۇلارنى دېڭىز تەگلىرىدىن \add قۇرۇق\add* ئۆتكۈزدى.\x + \xo 106:9 \xt مىس. 14‏:21،22،29\x* \m \v 10 ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى، \m ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەن چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى. \m \v 11 ياۋلارنى سۇلار باستى، \m ئۇلارنىڭ ھېچبىرسى ساق قالمىدى.\x + \xo 106:11 \xt مىس. 14‏:27؛ 15‏:5\x* \m \v 12 شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛ \m ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى.\x + \xo 106:12 \xt مىس. 14‏:31؛ 15‏:1\x* \m \v 13 ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى، \m نەسىھەتىنى كۈتمىدى؛ \m \v 14 بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى، \m چۆل-باياۋاندا تەڭرىنى سىنىدى.\x + \xo 106:14 \xt مىس. 16‏:3؛ چۆل. 11‏:4،6،33؛ زەب. 78‏:18؛ 1كور. 10‏:6\x* \m \v 15 شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى، \m بىراق جۈدەتكۈچى بىر كېسەلنى جانلىرىغا تەگكۈزدى.\x + \xo 106:15 \xt چۆل. 11‏:20، 33؛ زەب. 78‏:29-31؛ يەش. 10‏:16\x* \m \v 16 ئۇلار بارگاھدا مۇساغا ھەسەت قىلدى، \m خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىسى ھارۇننىمۇ كۆرەلمىدى.\x + \xo 106:16 \xt چۆل. 16\x* \m \v 17 يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى، \m ئابىرامنى ئادەملىرى بىلەن قاپسىۋالدى.\x + \xo 106:17 \xt چۆل. 16‏:31،32،33؛ قان. 11‏:6\x* \m \v 18 ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛ \m يالقۇن رەزىللەرنى كۆيدۈرىۋەتتى.\x + \xo 106:18 \xt چۆل. 16‏:35،46\x* \m \v 19 ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى، \m قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىپ،\x + \xo 106:19 \xt مىس. 32‏:4\x* \m \v 20 ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا، \m ئوت-چۆپ يەيدىغان ئۆكۈزنىڭ سۈرىتىنى ئالماشتۇردى. \m \v 21 مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى. \m \v 22 دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان، \m قىزىل دېڭىز بويىدا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتكەن خۇدانى \add ئۇنتۇدى\add*. \m \v 23 ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ \m ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا، \m ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى.\x + \xo 106:23 \xt مىس. 32‏:11،32؛ قان. 9‏:13،14؛ 10‏:10\x* \m \v 24 ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى، \m ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى؛\x + \xo 106:24 \xt چۆل. 14‏:1، 2\x* \m \v 25 بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ، \m پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى. \m \v 26 شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ \m سىلەرنى چۆلدە يىقىتىپ تۈگەشتۈرىمەن ــ \x + \xo 106:26 \xt چۆل. 14‏:28\x* \m \v 27 ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ، \m ياقا يۇرتلار ئارا تارقىتىۋېتىمەن» ــ دېدى.\x + \xo 106:27 \xt زەب. 44‏:10-14؛ ئ‍ەز. 20‏:23\x* \m \v 28 ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، \m ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى.\f □ \fr 106:28 \ft \+bd «ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى»\+bd* ــ «ئۆلۈكلەرگە قۇربانلىق قىلىش»، «ياغ پۇرىتىش» قاتارلىق ھەرقانداق پائالىيەتلەر تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان.\f*  \x + \xo 106:28 \xt چۆل. 25‏:3؛ 31‏:16؛ ۋەھ. 2‏:14\x* \m \v 29 ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، \m ئۇلار ئارىسىدا ۋابا قوزغالدى؛ \m \v 30 فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى، \m شۇنىڭ بىلەن ۋابا توسۇلدى؛ \m \v 31 بۇ ئىش \add فىنىھاسقا\add* ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى، \m ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى. \m \v 32 ئۇلار يەنە \add پەرۋەردىگارنى\add* مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى، \m ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛\x + \xo 106:32 \xt چۆل. 20‏:12؛ زەب. 95‏:8\x* \m \v 33 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، \m ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى.\f □ \fr 106:33 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۇنىڭ روھى» مۇسانىڭ روھى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ روھى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. \+bd «... ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى»\+bd* ــ «چۆل.» 7:20-13نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 34 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، \m \add شۇ\add* يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛ \m \v 35 بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ، \m ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگەندى؛\x + \xo 106:35 \xt ھاك. 2‏:2؛ 3‏:5، 6\x* \m \v 36 ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى، \m بۇلار ئۆزلىرىگە بىر تۇزاق بولۇپ چىقتى؛ \m \v 37 چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى.\x + \xo 106:37 \xt لاۋ. 18‏:21؛ قان. 12‏:31؛ 2پاد. 16‏:3؛ 17‏:17؛ 21‏:6؛ 2تار. 28‏:3؛ 33‏:6\x* \m \v 38 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، \m يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ \m زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى.\x + \xo 106:38 \xt چۆل. 35‏:33\x* \m \v 39 ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛ \m قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى. \m \v 40 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، \m ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛ \m \v 41 ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى، \m ئۇلارغا ئۆچمەنلەر ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. \m \v 42 دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى، \m ئۇلار ياۋ قولى ئاستىدا ئېگىلىپ پۈكۈلدى. \m \v 43 كۆپ قېتىم \add پەرۋەردىگار\add* ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛ \m بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى، \m ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى. \m \v 44 شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا، \m ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛ \m \v 45 ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى، \m زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى،\f □ \fr 106:45 \ft \+bd «زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «زور مېھىر-شەپقەتلىرى بىلەن...».\f* \m \v 46 ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى. \m \v 47 بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! \m مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا، \m تەنتەنە قىلىپ سېنى مەدھىيىلەشكە، \m بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن يېنىڭغا يىغىۋالغايسەن!\x + \xo 106:47 \xt 1تار. 16‏:35\x* \m \v 48 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، \m ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! \m پۈتكۈل خەلق «ئامىن» دېسۇن! \m ھەمدۇسانا!\x + \xo 106:48 \xt 1تار. 16‏:36\x* \b \b \m \c 107 \s1 بەشىنچى بۆلۈم •••• 107-كۈي •••• خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىڭلار! \m \v 1 ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! \m چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى!\x + \xo 107:1 \xt زەب. 106‏:1؛ 118‏:1؛ 136‏:1\x* \m \v 2 پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار، \m ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ \m \v 3 يەنى ئۇ شەرق بىلەن غەربتىن، شىمال بىلەن جەنۇبتىن، \m ھەرقايسى يۇرتلاردىن يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!\f □ \fr 107:3 \ft \+bd «... ئۇ... شىمال بىلەن جەنۇبتىن... يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «جەنۇبتىن» دېگەننىڭ ئورنىدا «دېڭىزدىن» دېيىلىدۇ؛ يەنى «ئۇ... شىمال بىلەن دېڭىزدىن... يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!» دېيىلىىدۇ (ئىبرانىي تىلىدا ئىككى سۆزنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس، يەنى «يامى» بىلەن «يامىن»).\f* \m \v 4 ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى، \m ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن. \m \v 5 ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ، \m جېنى چىقاي دەپ قالدى. \m \v 6 ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، \m ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. \m \v 7 ماكانلاشقۇدەك شەھەرگە يەتكۈچە، \m ئۇ ئۇلارنى تۈز يولدا باشلىدى. \m \v 8 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! \m ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، \m ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! \m \v 9 چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، \m ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى. \m \v 10 زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار، \m تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا، \m \v 11 (چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى) \m \v 12 ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، \m ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى. \m \v 13 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى، \m ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. \m \v 14 ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ، \m ئۇلارنىڭ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى. \m \v 15 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! \m ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، \m ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! \m \v 16 مانا ئۇ مىس دەرۋازىلارنى پارە-پارە قىلىپ، \m تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى. \m \v 17 ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن، \m قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛ \m \v 18 كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق-تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ، \m ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. \m \v 19 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، \m ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. \m \v 20 ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، \m ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. \m \v 21 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! \m ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، \m ئادەم بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! \m \v 22 قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن، \m ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى تەنتەنىلىك ناخشىلار بىلەن بايان قىلسۇن!\f □ \fr 107:22 \ft \+bd «قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن،...»\+bd* ــ ياكى «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى ئاتىسۇن،...». \fp «تەشەككۈر قۇربانلىقى» مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بېكىتكەن ئالتە خىل قۇربانلىقلاردىن بىرى.\f*  \x + \xo 107:22 \xt لاۋ. 7‏:12؛ زەب. 50‏:14\x* \m \v 23 كېمىلەردە دېڭىزغا چۈشۈپ قاتنىغۇچىلار، \m ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلغۇچىلار،\x + \xo 107:23 \xt ۋەھ. 18‏:17\x* \m \v 24 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر، \m چوڭقۇر ئوكياندا كۆرسەتكەن كارامەتلەرنى كۆرگۈچىدۇر. \m \v 25 چۈنكى ئۇ بىر سۆز بىلەنلا شىددەتلىك شامالنى چىقىرىپ، \m دولقۇنلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ؛ \m \v 26 كېمىچىلەر ئاسمان-پەلەك ئۆرلەيدۇ، \m سۇلارنىڭ تەھتىلىرىگە چۈشىدۇ، \m دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ئېرىپ كېتىدۇ. \m \v 27 ئۇلار مەست ئادەمدەك ئەلەڭ-سەلەڭ ئىرغاڭلايدۇ، \m ھەرقانداق ئەقىل-چارىسى تۈگەيدۇ؛ \m \v 28 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، \m ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. \m \v 29 ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، \m سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ. \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىنچلىقىدىن شادلىنىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى تەشنا بولغان ئارامگاھىغا يېتەكلەپ بارىدۇ. \m \v 31 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! \m ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، \m ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! \m \v 32 ئۇلار خەلقنىڭ جامائىتىدىمۇ ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن، \m ئاقساقاللار مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن. \m \v 33 ئۇ دەريالارنى چۆلگە، \m بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ. \m \v 34 ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن، \m ھوسۇللۇق يەرنى شورلۇق قىلىدۇ. \m \v 35 ئۇ يەنە چۆل-باياۋاننى كۆلگە، \m چاڭقاق يەرنى بۇلاقلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛\x + \xo 107:35 \xt يەش. 41‏:18\x* \m \v 36 ئاچلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ، \m ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرنى بەرپا قىلىدۇ؛ \m \v 37 ئۇلار ئېتىزلارنى ھەيدەپ-تېرىپ، ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ \m بۇلار ھوسۇل-مەھسۇلاتنى مول بېرىدۇ. \m \v 38 ئۇ \add پەرۋەردىگار\add* ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى خېلىلا ئېشىپ بارىدۇ، \m ئۇ ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىنى ھېچ ئازايتمايدۇ. \m \v 39 ئۇلار يەنە جەبىر-زۇلۇم، بالا-قازا ھەم دەرد-ئەلەمگە يولۇقۇپ، \m سانى ئازىيىپ، پۈكۈلىدۇ. \m \v 40 ئۇ ئېسىلزادىلەر ئۈستىگە كەمسىتىشلىرىنى تۆكىدۇ، \m يولسىز دەشت-سەھرادا ئۇلارنى سەرگەردان قىلىدۇ؛ \m \v 41 لېكىن مىسكىن ئادەمنى جەبىر-زۇلۇمدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ساقلايدۇ، \m ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ.\x + \xo 107:41 \xt 1سام. 2‏:8؛ زەب. 113‏:7، 8\x* \m \v 42 بۇنى كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ \m پاسىقلارنىڭ ئاغزى ئېتىلىدۇ.\x + \xo 107:42 \xt ئايۇپ 5‏:16؛ 22‏:19\x* \m \v 43 كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن، \m پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن! \b \b \m \c 108 \s1 108-كۈي •••• خۇدانىڭ غەلىبىسىگە بولغان تەشنا-تىلاۋەت \m \v 1 داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ \b \m ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ \m مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، \m بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!\f □ \fr 108:1 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ....»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر كۆرەلەيدۇكى، بۇ كۈينىڭ ئايەتلىرى 57-كۈيدىكى 7-11-ئايەتلەر، 60-كۈيدىكى 5-12-ئايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتلىرى مۇشۇ كۈيگىمۇ تەۋە، ئەلۋەتتە. \+bd «...سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!»\+bd* ــ «روھىم» مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدىكى «مېنىڭ شەرىپىم»نىڭ تەرجىمىسى.\f* \m \v 2 ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! \m مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! \m \v 3 خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! \m \v 4 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغتۇر؛ \m ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. \x + \xo 108:4 \xt زەب. 36‏:5؛ 57‏:10\x* \m \v 5 ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، \m شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! \m \v 6 ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، \m ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، \m دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن. \m \v 7 خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ \m «مەن تەنتەنە قىلىمەن، \m مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، \m سۇككوت ۋادىسىنى \add تەقسىم قىلىشقا\add* ئۆلچەيمەن. \m \v 8 گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، \m ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ \m ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، \m يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛\f □ \fr 108:8 \ft \+bd «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى قوغدىغۇچىدۇر». \+bd «يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا مېنىڭ شاھانە ھاسامدۇر».\f* \m \v 9 موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ \m ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ \m مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!».\f □ \fr 108:9 \ft \+bd «موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇم»\+bd* ــ بەلكىم موئابنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن مەينەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن»\+bd* ــ ئاياغ كىيىمنى مەلۇم يەر ئۈستىگە تاشلاش ئاشۇ يەرگە ئىگە بولغانلىقنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن؛ ياكى بولمىسا، ئېدومنىڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىپ يىغىشتۇرىدىغان قۇلدەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. \+bd «فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»\+bd* ــ داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە فىلىستىيە داۋۇتقا، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇپ، بەختلىك ھاياتقا ئىگە بولغان («2سام.» 1:8نى، شۇنداقا «يار.» 1:12-3نىمي كۆرۈڭ).\f* \m \v 10 كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ \m كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ \m \v 11 ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ \m قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ \x + \xo 108:11 \xt زەب. 60‏:1-3\x* \m \v 12 بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، \m چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! \m \v 13 خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ \m بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! \b \b \m \c 109 \s1 109-كۈي •••• ئىنتىقام ئۈچۈن ئوقۇلغان دۇئا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما! \m \v 2 مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛ \m ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى. \m \v 3 نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ، \m ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە.\x + \xo 109:3 \xt زەب. 69‏:4\x* \m \v 4 مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، \m مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم. \m \v 5 ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق، \m سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى. \m \v 6 ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن، \m ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرسۇن.\x + \xo 109:6 \xt زەك. 3‏:1، 2\x* \m \v 7 ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىقسۇن، \m دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانسۇن.\x + \xo 109:7 \xt پەند. 15‏:8؛ 28‏:9\x* \m \v 8 كۈنلىرى قىسقا بولسۇن، \m مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىسۇن. \m \v 9 بالىلىرى يېتىم قالسۇن، \m خوتۇنى تۇل بولسۇن. \m \v 10 ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، \m تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ. \m \v 11 جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىسۇن، \m مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىسۇن. \m \v 12 ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىسۇن، \m يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىسۇن. \m \v 13 ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلسۇن؛ \m كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلسۇن. \m \v 14 ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالسۇن، \m ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن. \m \v 15 بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.\x + \xo 109:15 \xt ئايۇپ 18‏:17؛ زەب. 34‏:16\x* \m \v 16 چۈنكى \add رەزىل كىشى\add* مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، \m بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى. \m \v 17 ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، \m شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛ \m بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى، \m شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ. \m \v 18 ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ \m شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا، \m مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛ \m \v 19 بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك، \m ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانسۇن. \m \v 20 بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولسۇن! \m مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولسۇن! \m \v 21 بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم، \m ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن، \m مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا، \m مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m \v 22 چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن، \m قەلبىم خەستە بولدى. \m \v 23 مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم، \m چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم. \m \v 24 روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، \m ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ. \m \v 25 شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛ \m ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە. \m \v 26 ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m \v 27 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، \m بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. \m \v 28 ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرسۇن، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛ \m ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالسۇن، \m بىراق قۇلۇڭ شادلانسۇن! \m \v 29 مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنسۇن، \m ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنسۇن. \m \v 30 ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛ \m بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛ \m \v 31 چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، \m \add پەرۋەردىگار\add* ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ. \b \b \m \c 110 \s1 110-كۈي •••• كەلگۈسىدىكى ئالەمنىڭ پادىشاھى ــ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەسىھ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ \m «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، \m ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى.\f □ \fr 110:1 \ft \+bd «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە»\+bd* ــ «تەختىپەر» پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغاندا پۇتى تۇرىدىغان جاي.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛ \m دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن!\f □ \fr 110:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم: خۇدا يەر يۈزىدە ئۆز سەلتەنىتىنى قۇرغاندا، تىكلىگەن پادىشاھ مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەم ھوقۇقى يېرۇسالېمدىن چىقىپ ھەر يەرگە يېتىپ بارىدۇ.\f* \m \v 3 كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، \m ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ \m مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، \m شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، \m ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛\f □ \fr 110:3 \ft \+bd «ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ»\+bd* ــ «خالىس قۇربانلىق»، -54-كۈي، 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ»\+bd* ــ دېھقانلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، شەبنەم ئادەتتە پەقەت ياپيېشىل ئوتياشلار ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. قۇرۇق-قاقشال بولۇپ قالغان دەرەخلەرگە چۈشمەيدۇ. كۆچمە مەنىسى، مەسىھ مەڭگۈگە ياپيېشىل دەرەختەك ياش تۇرىۋېرىدۇ.\f* \m \v 4 پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، \m ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ \m «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن».\f □ \fr 110:4 \ft \+bd «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن»\+bd* ــ مەلكىزەدەك دېگەن ئادەم ھەزرىتى ئىبراھىمغا كاھىن (خۇداغا ۋەكىل بولۇپ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلغۇچى) بولغان ھەم ئىبراھىم ئالغان ئولجىدىن ئوندىن بىرىنى ئالغان («يار.» 14-باب). دېمەك، ئۇ ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ئىدى، شۇڭلاشقا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان كاھىنلاردىنمۇ ئۇلۇغ ئىدى. «يار.» 14-بابتا دېيىلگىنىچە، بۇ سىرلىق ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. ئىنجىل «ئىبرانىيلارغا»، 8- ھەم 10-بابنى كۆرۈڭ. «مەلكىزەدەك»نىڭ مەنىسى: «ھەققانىيلىقنىڭ پادىشاھى» «ئامانلىق پادىشاھى». ئۇنداقتا بۇ يەردە «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ بېكىتىلىشى ئالەمدە ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي كاھىن دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 110:4 \xt ئىبر. 5‏:6؛ 6‏:20؛ 7‏:17\x* \m \v 5 ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛ \m \v 6 ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛ \m جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛ \m كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛\x + \xo 110:6 \xt ۋەھ. 14‏:14-20؛ 16‏:14-16؛ 20‏:8-10\x* \m \v 7 ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ \m ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ.\f □ \fr 110:7 \ft \+bd «ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق گەپ بەلكىم مەسىھنىڭ كىچىك پېئىل ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ كىچىك پېئىل مۆمىنلەرگە تەسەللى بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا ئۇ (ئۆز) بېشىنى كۆتۈرىدۇ».\f* \b \b \m \c 111 \s1 111-كۈي •••• خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سېغىنىش •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، \m ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، \m پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن.\f □ \fr 111:1 \ft \+bd «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...»\+bd* ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ \m بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. \m \v 3 ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، \m ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. \m \v 4 ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. \m \v 5 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ \m ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. \m \v 6 ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، \m باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. \m \v 7 ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ \m ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. \m \v 8 بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ \m ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. \m \v 9 ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ \m ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ \m مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. \m \v 10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ \m ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ \m ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ. \b \b \m \c 112 \s1 112-كۈي •••• خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، \m ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!\f □ \fr 112:1 \ft \+bd «ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!...»\+bd* ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.\f*  \x + \xo 112:1 \xt زەب. 1‏:1، 2\x* \m \v 2 ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ \m دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ. \m \v 3 ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ \m ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. \m \v 4 قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ \m ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر. \m \v 5 خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ \m ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ.\f □ \fr 112:5 \ft \+bd «ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «ئۇ ئۆز ئادىللىقى بىلەن ئۆز ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدۇ» ياكى «دەۋادا بولسا ھۆكۈم ئۇنىڭ تەرىپىدە بولىدۇ». مۇمكىنچىلىكى باركى، يازغۇچى بۇ ئۈچ مەنىنىڭ ھەممىسىنى كۆزدە تۇتقان.\f* \m \v 6 بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ \m ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ. \m \v 7 ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ \m ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان. \m \v 8 دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ \m ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ. \m \v 9 ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، \m يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. \m \v 10 رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، \m چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ \m رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ. \b \b \m \c 113 \s1 113-كۈي •••• خۇدا شەپقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار! \m \v 2 ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!\x + \xo 113:2 \xt دان. 2‏:20\x* \m \v 3 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر!\x + \xo 113:3 \xt مال. 1‏:11\x* \m \v 4 پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ \m شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر. \m \v 5 كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ \m ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ، \m \v 6 ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، \m ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟ \m \v 7 نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ \m قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛\x + \xo 113:7 \xt 1سام. 2‏:8؛ زەب. 107‏:41\x* \m \v 8 ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، \m يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛ \m \v 9 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، \m ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. \m ھەمدۇسانا! \b \b \m \c 114 \s1 114-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىسىردىن چىقىشىدا ئۇلارغا نامايان قىلغان ئۇلۇغلۇقى \m \v 1 ئىسرائىل مىسىردىن، \m ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، \x + \xo 114:1 \xt مىس. 13‏:3\x* \m \v 2 شۇ چاغدا يەھۇدا \add خۇدانىڭ\add* مۇقەددەس جايى، \m ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، \m \v 3 دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، \m ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ \m \v 4 تاغلار قوچقارلاردەك، \m دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. \m \v 5 ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ \m ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ \m \v 6 تاغلار قوچقارلاردەك، \m دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ \m \v 7 ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، \m ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ \m \v 8 ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، \m چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.\f □ \fr 114:8 \ft \+bd «ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ»\+bd* ــ «چاقماق تېشى» تاشلار ئىچىدە ئەڭ قاتتىق تاش ھېسابلىنىدۇ. «قان.» 15:8نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 114:8 \xt مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11\x* \b \b \m \c 115 \s1 115-كۈي •••• بۇتلارغا چوقۇنغانلار ھەم خۇداغا ئىبادەت قىلغانلار \m \v 1 بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، \m ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن. \m \v 2 ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ \add مازاق\add* قىلىشىدۇ؟ \m \v 3 بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ \m نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر. \m \v 4 ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت، \m ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس. \m \v 5 ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ \m كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛\x + \xo 115:5 \xt قان. 4‏:28؛ يەر. 10‏:5،4،3، 9-16 \x* \m \v 6 قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، \m بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛ \m \v 7 قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ \m پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ \m كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ. \m \v 8 ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، \m ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. \m \v 9 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ \m ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر. \m \v 10 ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ \m ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر.\f □ \fr 115:10 \ft \+bd «ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچى ھەم ئۇلارنىڭ قالقىنىڭلاردۇر» دېيىلىدۇ. 10-11-ئايەتلەردىمۇ شۇنداق.\f* \m \v 11 پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ \m ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر. \m \v 12 پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛ \m ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ \m ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ \m ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ \m \v 13 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، \m چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ. \m \v 14 پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، \m سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛ \m \v 15 سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان، \m ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن! \m \v 16 ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ \m بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر. \m \v 17 ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ، \m سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛ \m \v 18 بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمىز! \m ھەمدۇسانا! \b \b \m \c 116 \s1 116-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا گۇۋاھلىق بېرىش \m \v 1 مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، \m چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان. \m \v 2 چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، \m شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن. \m \v 3 ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ \m تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ \m مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛\x + \xo 116:3 \xt 2سام. 22‏:5، 6\x* \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم: ــ \m «سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار، \m جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن! \m \v 5 شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ھەققانىيدۇر؛ \m خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر. \m \v 6 پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛ \m مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى. \m \v 7 ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛\x + \xo 116:7 \xt زەب. 13‏:6\x* \m \v 8 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، \m ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن. \m \v 9 مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛ \m \v 10 ئىشەنگىنىم ئۈچۈن مۇنداق سۆز قىلغانمەن: ــ \m «مەن قاتتىق خار قىلىنغانمەن».\f □ \fr 116:10 \ft \+bd «ئىشەنگىنىم ئۈچۈن سۆز قىلغانمەن»\+bd* ــ (ياكى «ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم...») ــ بۇنىڭ مەنىسى، بەلكىم، مېنىڭ خۇداغا دەردىمنى تۆكۈشۈم ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ، دېمەكچى («2كور.» 13:4نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 116:10 \xt 2كور. 4‏:13\x* \m \v 11 جىددىيلەشكىنىمدىن: ــ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالغانچى!» ــ دېگەنمەن.\x + \xo 116:11 \xt رىم. 3‏:4\x* \m \v 12 ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقلىرىنى مەن نېمە بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتۇرىمەن؟ \m \v 13 ــ نىجاتلىق قەدەھىنى قولۇمغا ئالىمەن، \m ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ \m \v 14 مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ \m بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن. \m \v 15 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، \m ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر! \m \v 16 ئاھ پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ \m مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ئىكەنمەن؛ \m سەن مېنىڭ ئاسارەتلىرىمنى يەشكەنسەن؛ \m \v 17 مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛\f □ \fr 116:17 \ft \+bd «مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن»\+bd* ــ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن يەنە بىرخىل قۇربانلىق («لاۋ.» 7-بابنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 18 مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ \m بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛ \m \v 19 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، \m سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا تۇرۇپ، ئى يېرۇسالېم، \m \add قەسەملىرىمنى ئادا قىلىمەن\add*! \m ھەمدۇسانا! \b \b \m \c 117 \s1 117-كۈي •••• خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنياغا بولغان مۇھەببىتى \m \v 1 پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق ئەللەر؛ \m ھەممە خەلقلەر، ئۇنى ماختاڭلار!\x + \xo 117:1 \xt رىم. 15‏:11\x* \m \v 2 چۈنكى بىزگە باغلىغان ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى غەلىبىلىكتۇر؛ \m ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى مەڭگۈلۈكتۇر! \m ھەمدۇسانا! \b \b \m \c 118 \s1 118-كۈي •••• «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!» \m \v 1 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ \m ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! \m \v 2 ئىسرائىل: « ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! \m \v 3 ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! \m \v 4 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! \m \v 5 قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ \m ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى. \m \v 6 پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ \m ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟\x + \xo 118:6 \xt رىم. 8‏:31\x* \m \v 7 پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛ \m ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن. \m \v 8 پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، \m ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛\x + \xo 118:8 \xt زەب. 62‏:8، 9؛ 146‏:3؛ يەر. 17‏:5، 7\x* \m \v 9 پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، \m ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر. \m \v 10 بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ \m بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛\f □ \fr 118:10 \ft \+bd «بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛...»\+bd* ــ بۇ كۈيدىكى 10-29-ئايەتلەر كىمنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر ئىنجىل، «ماتتا»، «ماركۇس» ھەم «لۇقا» قىسمىلىرىدىكى ئاخىرقى نەچچە بابلاردىن كۆرەلەيدۇ.\f*  \x + \xo 118:10 \xt زەب. 18‏:43، 47، 48؛ يەش. 11‏:1-10؛ رىم. 15‏:12\x* \m \v 11 ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛ \m بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ \m \v 12 ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛ \m ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. \m \v 13 سەن \add دۈشمەن\add* مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ، \m يىقىلغىلى تاس قالدىم؛ \m بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى. \m \v 14 كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛ \m ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى! \m \v 15 ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! \m \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن! \m پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!\x + \xo 118:16 \xt لۇقا 1‏:51\x* \m \v 17 مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، \m ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن. \m \v 18 پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، \m بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى. \m \v 19 ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛ \m مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن.\x + \xo 118:19 \xt يەش. 26‏:2\x* \m \v 20 بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛ \m ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ! \m \v 21 مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \m چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، \m ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ. \m \v 22 تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، \m بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.\f □ \fr 118:22 \ft \+bd «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى»\+bd* ــ «مات.» 42:20نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 118:22 \xt يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ 1پېت. 2‏:4، 7\x* \m \v 23 بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، \m بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى.\x + \xo 118:23 \xt يەش. 29‏:14\x* \m \v 24 بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛ \m بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز. \m \v 25 قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛ \m سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن!\f □ \fr 118:25 \ft \+bd «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھوشاننا!» دېگەن سۆز. «مات.»، 9:21نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 118:25 \xt مات. 21‏:9، 15؛ مار. 11‏:9، 10؛ يـۇھ. 12‏:13 \x* \m \v 26 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! \m بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق. \m \v 27 پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛ \m ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛ \m ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، \m ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار.\f □ \fr 118:27 \ft \+bd «ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھنىڭ تۆت بۈرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىر «مۈڭگۈز» (ئىلمەك) بېكىتىلگەن. «مۇقەددەس چېدىر»نى كۆرسىتىدىغان سخېمىلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 28 سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، \m مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \m مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن. \m \v 29 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛ \m چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ \m ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! \b \b \m \c 119 \s1 119-كۈي •••• خۇدانىڭ سۆز-كالامى گۆھەردۇر! •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي ــــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 |א| (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، \m پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!\f □ \fr 119:1 \ft \+bd « א (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ بۇ 119-كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەر سەككىز ئايەت بىر گۇرۇپپا بولىدۇ. ھەربىر گۇرۇپپىدىكى سەككىز ئايەت ئوخشاش ھەرب بىلەن باشلىنىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپا (جەمئىي 22 گۇرۇپپا) ئىبرانىي تىلىنىڭ ئېلىپبەلىك تەرتىپى بويىچە يېڭى بىر ھەرپ بىلەن باشلىنىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ «تەۋرات» (توراھ) دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلى بولۇپ، ئەسلىدە «يوليورۇق»، «تەربىيە» دېگەن مەنىدە، بۇ يەردە: «قانۇن»، «تەلىم»، «خۇدا بەرگەن بارلىق كىتابلار» دېگەن ئومۇمىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» «مىسىردىن چىقىش» «لاۋىيلىقلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 119:1 \xt زەب. 1‏:1\x* \m \v 2 ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، \m ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر، \m \v 3 ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر! \m ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدۇ. \m \v 4 كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن، \m ئۆزۈڭ ئۇلارنى بېكىتكەنسەن. \m \v 5 ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي! \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام، \m مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. \m \v 7 سېنىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگىنىپ، \m دۇرۇس كۆڭۈلدىن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. \m \v 8 مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى چوقۇم تۇتىمەن؛ \m مېنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەيسەن! \m \v 9 |ב| (بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟ \m سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا. \m \v 10 پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛ \m مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛ \m \v 11 گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن، \m سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم. \m \v 12 مۇبارەكدۇرسەن پەرۋەردىگار، \m ماڭا ئۆز بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. \m \v 13 لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن، \m ئاغزىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملىرىڭنى. \m \v 14 تۈرلۈك بايلىقلاردىن شادلانغاندەك، \m ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگەشكەن يولدا شادلاندىم. \m \v 15 مەن كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ \m ئىزلىرىڭغا قاراپ ئويلىنىمەن. \m \v 16 بەلگىلىمىلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن؛ \m سۆز-كالامىڭنى ئۇنتۇمايمەن. \m \v 17 |ג| (گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن، \m كالامىڭغا بويسۇنىمەن.\x + \xo 119:17 \xt زەب. 103‏:2؛ 116‏:7\x* \m \v 18 تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، \m كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن! \m \v 19 مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىرمەن؛ \m ئەمرلىرىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن.\x + \xo 119:19 \xt يار. 47‏:9؛ 1تار. 29‏:15؛ زەب. 39‏:12؛ ئىبر. 11‏:13\x* \m \v 20 ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ، \m يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەي دەپ قالدى. \m \v 21 سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن، \m ئۇلار ئەمرلىرىڭدىن ئادىشىپ كېتىدۇ. \m \v 22 مەندىن ئاھانەت ھەم مەسخىرىنى يىراققا كەتكۈزگەيسەن؛ \m چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن. \m \v 23 ئەمىرلەر ئولتۇرۇپ يامان گېپىمنى قىلىشماقتا؛ \m سېنىڭ قۇلۇڭ بولسا بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلايدۇ. \m \v 24 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىم، \m مېنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمدۇر.\x + \xo 119:24 \xt زەب. 43‏:3؛ 112‏:1؛ 119‏:35، 47، 77، 174؛ \x* \m \v 25 |ד| (دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛ \m سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن. \m \v 26 ئۆز يوللىرىمنى ئالدىڭدا ئوچۇق بايان قىلدىم، \m سەن ماڭا جاۋاب بەردىڭ؛ \m ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.\x + \xo 119:26 \xt زەب. 25‏:4؛ 27‏:11؛ 86‏:11\x* \m \v 27 مېنى كۆرسەتمىلىرىڭنىڭ يولىنى چۈشىنىدىغان قىلغايسەن، \m ئاندىن مەن كارامەتلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. \m \v 28 جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛ \m سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى كۈچلەندۈرگەيسەن. \m \v 29 مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛ \m شەپقەت قىلىپ ماڭا تەۋرات-قانۇنۇڭنى بېغىشلىغايسەن؛ \m \v 30 مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛ \m ھۆكۈملىرىڭنى ئالدىمدا قويدۇم. \m \v 31 ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى چىڭ تۇتىمەن؛ \m پەرۋەردىگار، مېنى ئۇياتقا قالدۇرمىغايسەن. \m \v 32 سەن مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ-ئازادە قىلىشىڭ بىلەن، \m ئەمرلىرىڭ يولىغا ئەگىشىپ يۈگۈرىمەن. \m \v 33 |ה| (خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛ \m مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن. \m \v 34 مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن، \m شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن. \m \v 35 مېنى ئەمرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن؛ \m چۈنكى ئۇلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. \m \v 36 مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس، \m بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن. \m \v 37 كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ \m مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛ \m \v 38 سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ.\f □ \fr 119:38 \ft \+bd «سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار، جۈملىدىن: «سېنىڭ ئەيمىنىشىڭگە بېرىلگەن قۇلۇڭ ئۈچۈن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن».\f* \m \v 39 مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛ \m چۈنكى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئەلادۇر. \m \v 40 مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛ \m ئۆز ھەققانىيىتىڭدە مېنى جانلاندۇرغايسەن؛ \m \v 41 |ו|: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛\f □ \fr 119:41 \ft \+bd « ו: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار....»\+bd* ــ مۇشۇ سەككىز ئايەت (41-48-ئايەت) ھەممىسى ئىبرانىي تىلىدا: «ۋاۋ» بىلەن باشلىنىدۇ؛ ئۇيغۇر تىلىدىكى «ۋە» مۇشۇ «ۋاۋ»دىن (ئەرەب تىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن) كەلگەن.\f* \m \v 42 شۇندا مەندە مېنى مەسخىرە قىلغۇچىغا بەرگۈدەك جاۋاب بولىدۇ؛ \m چۈنكى سۆزۈڭگە تايىنىمەن. \m \v 43 ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛ \m چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛ \m \v 44 شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن، \m بەرھەق، ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇتىمەن؛ \m \v 45 شۇندا مەن ئازادىلىكتە ماڭىمەن؛ \m چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدىدىم. \m \v 46 شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن، \m بۇ ئىشلاردا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. \m \v 47 ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن، \m چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛ \m \v 48 مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن، \m ۋە بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.\f □ \fr 119:48 \ft \+bd «مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن»\+bd* ــ ياكى «مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ كۆتۈرىمەن».\f* \m \v 49 |ז| (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، \m يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن. \m \v 50 ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛ \m چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى. \m \v 51 تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن، \m لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم. \m \v 52 قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار، \m شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. \m \v 53 تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن، \m ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى. \m \v 54 مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا، \m كۆرسەتمىلىرىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم بولدى. \m \v 55 كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم، \m تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتۇپ كەلدىم.\x + \xo 119:55 \xt زەب. 16‏:7؛ 42‏:8\x* \m \v 56 مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم، \m چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم. \m \v 57 |ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم.\f □ \fr 119:57 \ft \+bd «ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «مېنىڭ نېسىۋەم، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر، ــ دېدىم».\f* \m \v 58 مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛ \m ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.\f □ \fr 119:58 \ft \+bd «مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم»\+bd* ــ ياكى «مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىلتىپاتىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم».\f* \m \v 59 مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم، \m ئاياغلىرىمنى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم. \m \v 60 مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، \m سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا. \m \v 61 رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، \m مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم. \m \v 62 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، \m تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن. \m \v 63 مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، \m كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن. \m \v 64 جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ \m ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. \m \v 65 |ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، \m ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن. \m \v 66 ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛ \m چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم. \m \v 67 مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، \m بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن. \m \v 68 سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن، \m ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. \m \v 69 تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛ \m بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن. \m \v 70 ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛ \m بىراق مەن بولسام تەۋرات-قانۇنۇڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن.\f □ \fr 119:70 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى»\+bd* ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قەلبى مايلىق بولۇپ كەتتى» دەپ ئېلىنغان.\f* \m \v 71 ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، \m شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم. \m \v 72 مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، \m مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 119:72 \xt زەب. 19‏:10\x* \m \v 73 |י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ \m مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن.\x + \xo 119:73 \xt ئايۇپ 10‏:9؛ زەب. 139‏:13-16\x* \m \v 74 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ \m چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم. \m \v 75 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، \m ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن.\f □ \fr 119:75 \ft \+bd «سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ... بىلىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقتۇر ... دەپ بىلىمەن».\f* \m \v 76 ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن. \m \v 77 مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، \m رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ \m چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر. \m \v 78 تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛ \m چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛ \m مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. \m \v 79 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛ \m ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن. \m \v 80 كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ \m شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. \m \v 81 |כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ \m مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. \m \v 82 كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، \m «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ. \m \v 83 چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، \m بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن. \m \v 84 قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ \m ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟ \m \v 85 تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ \m بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛ \m \v 86 سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ \m ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ \m ماڭا ياردەم قىلغايسەن! \m \v 87 ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ \m بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم. \m \v 88 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، \m ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن. \m \v 89 |ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، \m سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر. \m \v 90 سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛ \m سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.\x + \xo 119:90 \xt توپ. 1‏:4\x* \m \v 91 سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ \m چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.\f □ \fr 119:91 \ft \+bd «سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ»\+bd* ــ «بۇلار» بولسا 89-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە 90-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان يەر-زېمىن بولسا كېرەك.\f* \m \v 92 سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، \m ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم. \m \v 93 مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ \m چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛ \m \v 94 مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم. \m \v 95 رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ \m بىراق مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن. \m \v 96 مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ \m بىراق سېنىڭ ئەمر-كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر! \m \v 97 |מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! \m كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر. \m \v 98 ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، \m مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛ \m \v 99 بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، \m چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر. \m \v 100 مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، \m چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم. \m \v 101 سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، \m ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.\f □ \fr 119:101 \ft \+bd «ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم»\+bd* ــ «تارتتىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «باغلىدىم» ياكى «چۈشەكلىدىم».\f* \m \v 102 ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ \m چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. \m \v 103 سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! \m ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!\x + \xo 119:103 \xt زەب. 19‏:10؛ پەند. 8‏:11\x* \m \v 104 كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ \m شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن. \m \v 105 |נ| (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، \m يولۇمغا نۇردۇر. \m \v 106 قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، \m مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.\x + \xo 119:106 \xt نەھ. 10‏:30\x* \m \v 107 زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. \m \v 108 قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، \m ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.\f □ \fr 119:108 \ft \+bd «ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلار»\+bd* ــ «خالىس قۇربانلىق» مۇسا پەيغەمبەر ئالاھىدە بەلگىلىگەن بىرخىل قۇربانلىق ئىدى. بىراق بۇ يەردە بۇ ئىبارە پەقەت كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن.\f* \m \v 109 جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، \m بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن. \m \v 110 رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ \m بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم. \m \v 111 ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ \m چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر. \m \v 112 مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە \add ئەمەل قىلىشقا\add*، \m يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم. \m \v 113 |ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ \m سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.\f □ \fr 119:113 \ft \+bd «ئالا كۆڭۈللەر»\+bd* ــ ياكى «ئەستايىدىل ئەمەسلەر».\f* \m \v 114 سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ \m سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. \m \v 115 مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، \m مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار! \m \v 116 ياشىشىم ئۈچۈن، \m ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ \m ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن. \m \v 117 مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛ \m ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن. \m \v 118 بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ \m چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر. \m \v 119 سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ \m شۇڭا مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن. \m \v 120 ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ \m ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن. \m \v 121 |ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ \m مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛ \m \v 122 ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ \m تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن. \m \v 123 كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ، \m ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛ \m \v 124 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛ \m بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن. \m \v 125 مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ \m ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن. \m \v 126 پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! \m چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. \m \v 127 شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، \m ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛ \m \v 128 شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ \m بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن. \m \v 129 |פ| (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ \m شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ. \m \v 130 سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ \m نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.\x + \xo 119:130 \xt زەب. 19‏:7\x* \m \v 131 ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، \m چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم. \m \v 132 نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، \m جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. \m \v 133 قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ \m ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن. \m \v 134 مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، \m شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن. \m \v 135 جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ \m ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.\x + \xo 119:135 \xt زەب. 4‏:6\x* \m \v 136 كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، \m چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ. \m \v 137 |צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر. \m \v 138 سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛ \m ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر! \m \v 139 ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، \m چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ. \m \v 140 سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ \m شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ.\x + \xo 119:140 \xt 2سام. 22‏:31؛ زەب. 12‏:6؛ 18‏:30؛ پەند. 30‏:5\x* \m \v 141 مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، \m بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن. \m \v 142 سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، \m تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر. \m \v 143 پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛ \m بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر. \m \v 144 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛ \m ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن. \m \v 145 |ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ \m مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن. \m \v 146 مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ \m مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. \m \v 147 مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ \m سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.\x + \xo 119:147 \xt زەب. 5‏:3؛ 88‏:13؛ 130‏:6\x* \m \v 148 ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، \m تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.\x + \xo 119:148 \xt زەب. 57‏:8؛ 63‏:1، 6\x* \m \v 149 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. \m \v 150 قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، \m ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر. \m \v 151 ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ \m بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر. \m \v 152 ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى، \m ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن. \m \v 153 |ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ \m چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم. \m \v 154 مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. \m \v 155 نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛ \m چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ. \m \v 156 رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. \m \v 157 ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛ \m بىراق ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم. \m \v 158 مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم، \m چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ.\f □ \fr 119:158 \ft \+bd «مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم»\+bd* ــ ياكى «مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ ئازابلاندىم».\f* \m \v 159 سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛ \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار. \m \v 160 سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ \m سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.\f □ \fr 119:160 \ft \+bd «سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر»\+bd* ــ بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر جۈملە. تولۇق، ئەتراپلىق ھەقىقەتنى پەقەت مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەتتىنلا بىلگىلى بولمايدۇ، بەلكى كۆپ ئايەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئارقىلىقلا («مۇجەسسەملىگەندە») ئاندىن «تولۇق ھەقىقەت» ياكى «ھەر تەرەپلىك ھەقىقەت» چىقىدۇ.\f* \m \v 161 |ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ \m بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ. \m \v 162 بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، \m ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن. \m \v 163 ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ \m سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. \m \v 164 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن، \m كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن. \m \v 165 تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛ \m ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس. \m \v 166 مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار، \m ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ. \m \v 167 جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ، \m ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن. \m \v 168 بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، \m كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. \m \v 169 |ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن. \m \v 170 يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛ \m ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن. \m \v 171 ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن، \m لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ. \m \v 172 تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ، \m چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر. \m \v 173 قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛ \m چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى تاللىۋالدىم. \m \v 174 مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر. \m \v 175 جېنىم ياشىسۇن، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، \m سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ماڭا ياردەم قىلسۇن. \m \v 176 مەن يولدىن ئاداشقان قويدەك تەمتىرەپ قالدىم؛ \m قۇلۇڭنى ئىزدىگەيسەن؛ \m چۈنكى ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.\x + \xo 119:176 \xt يەش. 53‏:6؛ لۇقا 15‏:4-7\x* \b \b \m \c 120 \s1 120-كۈي •••• ئۇرۇشقاق خەلق ئارىسىدا \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛ \m ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى.\f □ \fr 120:1 \ft \+bd «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»\+bd* ــ بۇنداق ماۋزۇلۇق كۈيدىن جەمئىي 15ى بار. بۇنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ ئۈچ خىل پىكرى بار: (1) يېرۇسالېمدىكى ئىككىنچى ئىبادەتخانا ئىچىدە ھويلىغا چىقىدىغان 15 پەلەمپەي بار ئىدى؛ ھېيت ۋاقىتلىرىدا ھەربىر پەلەمپەيدە توختاپ بىر كۈي ئېيتىلغان. (2) يېرۇسالېمغا تاۋاب قىلىش ھېيتىغا بارماقچى (ئىبرانىي تىلىدا بۇ «چىقماقچى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) بولغان يولۇچىلار بۇ ناخشىلارنى ئېيتقان؛ (3) بۇ 15 كۈي ئىسرائىللار بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلىكى (ئىبرانىي تىلىدا «چىققانلىقى»)نى تەبرىكلەيدىغان ناخشىلار ئىدى. بىزنىڭچە ئۈچ پىكىرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 2 ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، \m ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.\x + \xo 120:2 \xt 1سام. 24‏:10؛ 26‏:19\x* \m \v 3 ساڭا نېمە بېرىلىدۇ، \m ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك، \m ئەي ئالدامچى تىل؟ \m \v 4 ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار، \m ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن!\x + \xo 120:4 \xt زەب. 11‏:2؛ 59‏:7\x* \m \v 5 مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا، \m كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي!\f □ \fr 120:5 \ft \+bd «مەشەك دىيارىدا .... كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا...»\+bd* ــ «مەشەك» ــ ئىسرائىل زېمىنىدىن ئەڭ چەت جاي دەپ ھېسابلانغان (بەلكىم ھازىرقى مۇسكۋا ياكى تۈركىيە)؛ كېداردىكىلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەرەب قوشنىلىرى ھەم رەقىبلىرى ئىدى. بۇ يەردە ئۇلار بەلكىم خۇدانى ئېتىراپ قىلمايدىغان ھەرخىل ئەللەرنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 6 مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛ \m \v 7 مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛ \m بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ. \b \b \m \c 121 \s1 121-كۈي •••• رەب ھىمايە قىلغۇچىمدۇر \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ \m مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟ \m \v 2 مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ \m ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر. \m \v 3 ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ \m سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ! \m \v 4 مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ! \m \v 5 پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛ \m پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر. \m \v 6 قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ \m \v 7 پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ \m ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛ \m \v 8 پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، \m بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ. \b \b \m \c 122 \s1 122-كۈي •••• يېرۇسالېمنىڭ بەختىدىن خۇشال بولۇش \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە، \m شادلاندىم. \m \v 2 پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم! \m \v 3 ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛ \m \v 4 قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ، \m ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛ \m ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ.\f □ \fr 122:4 \ft \+bd «قەبىلىلەر.. . ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە... چىقىدۇ»\+bd* ــ بۇ يوليورۇق-كۆرسەتمە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. ھېيت كۈنلىرىدە (يىلدا ئۈچ قېتىم) ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەركەكلىرى (قىز-ئاياللار ئىختىيارەن) يېرۇسالېمغا چىقىپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 5 چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى، \m داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى. \m \v 6 يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛ \m سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ.\f □ \fr 122:6 \ft \+bd «يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يېرۇشالوم»نىڭ «شالوم»ى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار». «شالوم» «تىنچ-ئامانلىق»، «يېرۇشالوم» بولسا «تىنچ-ئامانلىق شەھەر» دېگەن مەنىدە (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، ئەرەب تىلىدا «سالام»).\f* \m \v 7 ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن، \m ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن! \m \v 8 قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، \m مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن. \m \v 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن، \m سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن! \b \b \m \c 123 \s1 123-كۈي •••• زور خارلىق ئاستىدا \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن، \m ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛\f □ \fr 123:1 \ft \+bd «ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ساڭا كۆزلىرىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن».\f*  \x + \xo 123:1 \xt زەب. 115‏:3\x* \m \v 2 مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، \m دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، \m بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. \m تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ. \m \v 3 بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، \m بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛ \m چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز. \m \v 4 جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى، \m ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر. \b \b \m \c 124 \s1 124-كۈي •••• قۇتۇلۇش ئۈچۈن رەھمەتلەر \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، \m ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ \m \v 2 بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، \m كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا، \m \v 3 ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، \m ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛ \m \v 4 \add شۇ چاغدا\add* سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ \m كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛ \m \v 5 داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى! \m \v 6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! \m ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى. \m \v 7 جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛ \m باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق!\x + \xo 124:7 \xt پەند. 6‏:5\x* \m \v 8 ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر، \m ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر!\x + \xo 124:8 \xt زەب. 121‏:2\x* \b \b \m \c 125 \s1 125-كۈي •••• خۇدانىڭ زور ھىمايىسى \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ \m ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، \m ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. \m \v 2 يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، \m ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. \m \v 3 چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ \m بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن. \m \v 4 پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ \m كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن. \m \v 5 بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، \m پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. \m ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! \b \b \m \c 126 \s1 126-كۈي •••• سۈرگۈن بولۇشتىن ئازاد بولۇش \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، \m بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛\f □ \fr 126:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار زىئوننىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىگە قايتۇرغاندا...».\f* \m \v 2 ئاغزىمىز كۈلكىگە، \m تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ \m شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ \m «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى.\x + \xo 126:2 \xt ئايۇپ 8‏:21\x* \m \v 3 پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، \m بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز. \m \v 4 جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار \add شار-شار سۇلارغا\add* ئايلاندۇرۇلغاندەك، \m بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 126:4 \ft \+bd «جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار شار-شار سۇلارغا ئايلاندۇرۇلغاندەك...»\+bd* ــ قاتتىق يامغۇر ياغغاندىن كېيىن، پەلەستىننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى سۈيى يوق ئېرىق-دەريالار يېرىم سائەت ئىچىدىلا كۈچلۈك ھەم خەتەرلىك داۋالغۇغان دەريالارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. \+bd «بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار»\+bd* ــ بۇ ئىككىنچى «تۇتقۇنلۇق» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بابىل ئىمپېرىيەسىگە سۈرگۈن بولغان يەھۇدىيلار ئازاد بولۇپ پەلەستىنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە بەك ئېغىر مۇشەققەتلەر ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى («نەھەمىيا» ھەم «ئەزرا» قىسىملىرىنى كۆرۈڭ). «تۇتقۇنلۇق» بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئېغىر ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ \m \v 6 يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، \m بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. \b \b \m \c 127 \s1 127-كۈي •••• خۇدا بەرگەن نېسىۋەنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا، \m سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا، \m كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ. \m \v 2 سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار، \m كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار، \m جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛ \m چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ.\f □ \fr 127:2 \ft \+bd «جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جاپا-مۇشەققەت بىلەن تاپقان ناننى يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر». \+bd «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇخلىغان ۋاقتىدا بېرىدۇ».\f* \m \v 3 مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، \m بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛ \m \v 4 ياشلىقتا تاپقان بالىلار، \m باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ. \m \v 5 ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛ \m \add شەھەر\add* دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا، \m ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ.\f □ \fr 127:5 \ft \+bd «شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا»\+bd* ــ «شەھەر دەرۋازىسى» خالايىق يىغىن ئاچىدىغان، جەم بولىدىغان جاي ئىدى.\f* \b \b \m \c 128 \s1 128-كۈي •••• خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىنىڭ بەختلىكى \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، \m ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر! \m \v 2 چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛ \m بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛ \m \v 3 ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛ \m بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ \m \v 4 مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ. \m \v 5 پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛ \m سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛ \m \v 6 پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛ \m ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي! \b \b \m \c 129 \s1 129-كۈي •••• ئۇزۇن داۋام قىلغان جاپا-مۇشەققەتنى ئەسلەش \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m «ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ \m ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ \m \v 2 «ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، \m بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس. \m \v 3 قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، \m چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان». \m \v 4 پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ \m ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛ \m \v 5 ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، \m زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى! \m \v 6 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ \m ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛\x + \xo 129:6 \xt ئايۇپ 8‏:12؛ 40‏:10\x* \m \v 7 ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ \m باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛ \m \v 8 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.\f □ \fr 129:8 \ft \+bd «ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.»\+bd* ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ.\f* \b \b \m \c 130 \s1 130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m \v 2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛ \m \v 3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، \m ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟\x + \xo 130:3 \xt زەب. 143‏:2\x* \m \v 4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ \m شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.\x + \xo 130:4 \xt 2سام. 24‏:14\x* \m \v 5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ \m جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ \m ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم.\x + \xo 130:5 \xt زەب. 27‏:14؛ 40‏:1؛ 62‏:1؛ ھاب. 2‏:3\x* \m \v 6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، \m بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، \m جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.\x + \xo 130:6 \xt زەب. 5‏:3؛ 119‏:147؛ 123‏:1، 2\x* \m \v 7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ \m ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛ \m \v 8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ. \b \b \m \c 131 \s1 131-كۈي •••• كەمتەرلىككە ئىنتىلىش \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، \m نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ \m مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، \m ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛\x + \xo 131:1 \xt 2تار. 32‏:25؛ زەب. 101‏:4-5؛ پەند. 6‏:17؛ 16‏:5\x* \m \v 2 بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك، \m ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛ \m كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر. \m \v 3 ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛ \m ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە! \b \b \m \c 132 \s1 132-كۈي •••• خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇدانىڭ داۋۇتقا بولغان ۋەدىسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛\f □ \fr 132:1 \ft \+bd «ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛....»\+bd* ــ بۇ كۈي بىرىنچىدىن، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىبادەتخانا قۇرۇشقا ئىچكەن قەسىمىنى بىلدۈرىدۇ ھەم شۇ چاغدىكى خۇدانىڭ داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ قىلغان ۋەدىسىنى («2سام.» 7-باب) ئەسلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، داۋۇتنىڭ كېيىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىم (يەنى ئەفراتاھ، ئۆز يۇرتى بولغان بەيت-لەھەمگە يېقىن) دېگەن جايدىن ئەكىلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا يېرۇسالېمغا كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىدۇ. \fp بۇ كۈي بەلكىم داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى (سۇلايمان ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرسى) پادىشاھ بولغاندا قىلغان دۇئاسى بولۇشى مۇمكىن. \fp \+bd «داۋۇت ... تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالار»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم داۋۇتنىڭ خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس بىر ئۆينى ياساشقا بولغان ئەجىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 2 ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن، \m ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ \m \v 3‏-5 «پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى، \m ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە، \m ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن، \m كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن، \m كۆزۈمگە ئۇيقۇنى، \m قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن».\x + \xo 132:3‏-5 \xt 1تار. 15‏:1\x* \m \v 6 مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛ \m ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛\f □ \fr 132:6 \ft \+bd «... بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق»\+bd* ــ «ئۇنىڭ خەۋىرى» بەلكىم بىرىنچىدىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن بېشارەتلىك ھالدا مەسىھنىڭ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق»\+bd* ــ ياكى «ئۇنى يائارنىڭ ئېتىزلىرىدىن تاپتۇق». «يائار» «كىرىئات-يېئارىم» بولۇشى مۇمكىن («1سام.» 1:7نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 7 ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى، \m ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛ \m \v 8 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، \m سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، \m ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن! \m \v 9 كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن، \m مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن! \m \v 10 قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، \m ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛\f □ \fr 132:10 \ft \+bd «قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن»\+bd* ــ بەلكىم داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغان ئەۋلادى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى. خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى» توغرۇلۇق يۇقىرىقى 2-كۈي ۋە ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى، \m ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ \m ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛\x + \xo 132:11 \xt 2سام. 7‏:12؛ 1پاد. 8‏:25؛ 2تار. 6‏:16؛ لۇقا 1‏:69 \x* \m \v 12 پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى، \m ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا، \m ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن. \m \v 13 چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ \m ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان. \m \v 14 مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛ \m مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛ \m چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن.\x + \xo 132:14 \xt زەب. 68‏:16؛ 132‏:8 \x* \m \v 15 مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛ \m ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛ \m \v 16 ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن، \m ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ.\x + \xo 132:16 \xt 2تار. 6‏:41\x* \m \v 17 مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛ \m ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛\x + \xo 132:17 \xt لۇقا 1‏:69\x* \m \v 18 ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛ \m ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى. \b \b \m \c 133 \s1 133-كۈي •••• بىرلىكنىڭ بەختى \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر! \m \v 2 ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، \m ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، \m كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛\f □ \fr 133:2 \ft \+bd «ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ»\+bd* ــ ھەزرىتى ھارۇننى باش كاھىن قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن، ئۇ ئالاھىدە پۇراقلىق مەخسۇس ماي بىلەن «مەسىھ قىلىنغان». تەۋرات، «مىس.»، 22:30-38-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 3 ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛ \m چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ \m يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان!\f □ \fr 133:3 \ft \+bd «ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ....»\+bd* ــ «ھەرمون تېغى» پەلەستىندىكى ئەڭ ئېگىز تاغ بولۇپ، ئەتراپىدا ھەركۈنى چۈشكەن شەبنەم ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەممە جانىۋارنى جانلاندۇرىدۇ. ئۇ زىئون تاغلىرىدىن 300 كىلومېتر يىراق. زىئون تېغىغا چۈشىدىغان شەبنەم ئازدۇر؛ مول شەبنەم زىئونغا چۈشسە، ئۇ زور ۋە ئاجايىب بەرىكەت بولاتتى، ئەلۋەتتە.\f* \b \b \m \c 134 \s1 134-كۈي •••• ئىبادەت \m \v 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» \b \m مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، \m ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، \m پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى! \m \v 2 مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! \m \v 3 ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!\f □ \fr 134:3 \ft \+bd «...پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» (1-ئايەت) ھەم «بەرىكەتلەش» دېگەنلەر بىرلا سۆز («باراك») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 135 \s1 135-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرى ئۈچۈن ئىبادەت \m \v 1 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار، \m ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى! \m \v 2 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلار، \m خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار! \m \v 3 ياھنى مەدھىيىلەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ \m ئۇنىڭ نامىغا كۈي ئېيتىڭلار؛ \m چۈنكى مۇشۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ \m \v 4 چۈنكى ياھ ياقۇپنى ئۆزىنىڭكى بولۇشقا، \m ئىسرائىلنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىۋالدى.\x + \xo 135:4 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 2‏:9\x* \m \v 5 چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ \m رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.\f □ \fr 135:5 \ft \+bd «پەرۋەردىگار... بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەت «ئىلاھلار»نىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 6 پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، \m ئۇ ئاسمانلاردا، \m زېمىندا، \m دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر. \m \v 7 ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ \m يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ؛ \m شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.\x + \xo 135:7 \xt يەر. 10‏:13؛ 51‏:16\x* \m \v 8 ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، \m ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى.\x + \xo 135:8 \xt مىس. 12‏:12،29؛ زەب. 78‏:51\x* \m \v 9 ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ \m پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى.\x + \xo 135:9 \xt مىس. 7،8،9،10،14\x* \m \v 10 ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، \m قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛\x + \xo 135:10 \xt يە. 12\x* \m \v 11 ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، \m باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، \m قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى. \m \v 12 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، \m ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى.\x + \xo 135:12 \xt زەب. 78‏:55\x* \m \v 13 سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، \m شۆھرەت-خاتىرەڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر.\x + \xo 135:13 \xt مىس. 3‏:15؛ زەب. 102‏:12\x* \m \v 14 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ \m ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ.\x + \xo 135:14 \xt قان. 32‏:36؛ زەب. 90‏:13\x* \m \v 15 ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، \m ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس.\x + \xo 135:15 \xt زەب. 115‏:4\x* \m \v 16 ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ \m كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛ \m \v 17 قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، \m ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر. \m \v 18 ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، \m ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. \m \v 19 ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ \m ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ \m \v 20 لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ \m پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! \m \v 21 يېرۇسالېمدا ماكانلاشقان پەرۋەردىگارغا زىئوندىن تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىلسۇن! \m ھەمدۇسانا! \b \b \m \c 136 \s1 136-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار! \m \v 1 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 2 ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\f □ \fr 136:2 \ft \+bd «ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار»\+bd* ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 3 رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 4 زور كارامەتلەرنى بىردىنبىر يۈرگۈزگۇچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 5 ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئاسمانلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:5 \xt يار. 1‏:1\x* \m \v 6 زېمىننى سۇلار ئۈستىدە سوزۇپ تۇرغۇزغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:6 \xt زەب. 24‏:1-2\x* \m \v 7 ئۇلۇغ نۇر جىسىملىرىنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:7 \xt يار. 1‏:14\x* \m \v 8 كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:8 \xt يار. 1‏:16\x* \m \v 9 كېچىنى باشقۇردىغان ئاي ھەم يۇلتۇزلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 10 ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇرۇپ، مىسىرغا زەرب بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:10 \xt مىس. 12‏:29؛ زەب. 78‏:43،51\x* \m \v 11 ئىسرائىلنى ئۇلار ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:11 \xt مىس. 12‏:31،51؛ 13‏:3،17\x* \m \v 12 كۈچلۈك قول ھەم ئۇزاتقان بىلەك بىلەن ئۇلارنى چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:12 \xt مىس. 6‏:6\x* \m \v 13 قىزىل دېڭىزنى بۆلەك-بۆلەك بۆلگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:13 \xt مىس. 14‏:21،22؛ زەب. 78‏:13\x* \m \v 14 ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 15 قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:15 \xt مىس. 14‏:24\x* \m \v 16 ئۆز خەلقىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:16 \xt مىس. 15،16،17،19؛ زەب. 78‏:52\x* \m \v 17 بۈيۈك پادىشاھلارنى ئۇرۇۋەتكۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:17 \xt چۆل. 21‏:24،25،34،35؛ يە. 12‏:1؛ زەب. 135‏:10،11\x* \m \v 18 ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 19 جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 20 ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:20 \xt قان. 3‏:1-7\x* \m \v 21 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛\x + \xo 136:21 \xt يە. 12‏:6\x* \m \v 22 بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 23 ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 24 بىزنى ئەزگەنلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 25 بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m \v 26 ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر! \b \b \m \c 137 \s1 137-كۈي •••• بابىلدا سۈرگۈن بولۇشنىڭ دەرد-ئەلىمى \m \v 1 بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛ \m زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛ \m \v 2 چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق. \m \v 3 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛ \m بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ \m «ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى.\x + \xo 137:3 \xt زەب. 79‏:1\x* \m \v 4 ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟ \m \v 5 ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام، \m ئوڭ قولۇم \add ماھارىتىنى\add* ئۇنتۇسۇن!\f □ \fr 137:5 \ft \+bd «ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!»\+bd* ــ ياكى «ئوڭ قولۇمنى ئۇنتۇغان بولسام!».\f* \m \v 6 سېنى ئەسلىمىسەم، \m ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ \m تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن! \m \v 7 ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛ \m چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار، \m ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى.\x + \xo 137:7 \xt يەر. 49‏:7؛ ئ‍ەز. 25‏:12\x* \m \v 8 ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، \m بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر!\x + \xo 137:8 \xt يەر. 50‏:15،29؛ ۋەھ. 18‏:6\x* \m \v 9 بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر! \b \b \m \c 138 \s1 138-كۈي •••• شەپقەتكە رەھمەتلەر \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \m بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن.\f □ \fr 138:1 \ft \+bd «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن»\+bd* ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ \m چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.\f □ \fr 138:2 \ft \+bd «چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چپنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.\f* \m \v 3 ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ \m جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن. \m \v 4 ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، \m جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ \m \v 5 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، \m چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى. \m \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ \m بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ \m تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ.\x + \xo 138:6 \xt زەب. 113‏:4-7\x* \m \v 7 زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ، \m سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛ \m دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن، \m ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ. \m \v 8 پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛ \m مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛ \m ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن! \b \b \m \c 139 \s1 139-كۈي •••• خۇدا قەلبنى بىلگۈچىدۇر \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى تەكشۈرۈپ چىقتىڭ، \m ھەم مېنى بىلىپ يەتتىڭ؛ \m \v 2 ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ \m يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن. \m \v 3 باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ \m بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر. \m \v 4 بەرھەق، تىلىمغا بىر سۆز كېلە-كەلمەستىنلا، ئى پەرۋەردىگار، \m مانا سەن بۇنى ئەينى بويىچە بىلمەي قالمايسەن. \m \v 5 سەن مېنى ئالدى-كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، \m قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن. \m \v 6 بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! \m شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن. \m \v 7 روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ \m ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟ \m \v 8 ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ \m تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛\x + \xo 139:8 \xt ئايۇپ 26‏:6؛ ئام. 9‏:2، 3، 4؛ ئىبر. 4‏:13\x* \m \v 9 سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، \m دېڭىزنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تۇرسام، \m \v 10 ھەتتا ئاشۇ جايدا قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ، \m ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ. \m \v 11 مەن: «قاراڭغۇلۇق مېنى ياپسا، \m ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق چوقۇم كېچە بولىدۇ» ــ دېسەم، \m \v 12 قاراڭغۇلۇقمۇ سەندىن يوشۇرۇنالمايدۇ، \m كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك ئايدىڭدۇر، \m قاراڭغۇلۇقمۇ \add ساڭا\add* يورۇقتەكتۇر. \m \v 13 بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ \m ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛\f □ \fr 139:13 \ft \+bd «بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن». \fp «ئىچلىرىم» بولسا ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (بەزى ۋاقىتلاردا بۆرەكلەر ۋىجداننى بىلدۈرىدۇ). \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمگە ئىگىدۇرسەن».\f* \m \v 14 مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، \m چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ \m سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ \m بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ. \m \v 15 مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، \m يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، \m ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى.\x + \xo 139:15 \xt ئايۇپ 10‏:8،10؛ توپ. 11‏:5 \x* \m \v 16 ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، \m ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، \m كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى.\f □ \fr 139:16 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار يوق بولغان ۋاقىتتا، ماڭا بېكىتىلگەن كۈنلىرىمنىڭ ھەممىسى دەپتىرىڭدە يېزىلغان».\f* \m \v 17 ئاھ تەڭرىم، ئويلىرىڭ ماڭا نەقەدەر قىممەتلىكتۇر! \m ئۇلارنىڭ يىغىندىسى شۇنچە زوردۇر! \m \v 18 ئۇلارنى ساناي دېسەم، ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر؛ \m ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن!\f □ \fr 139:18 \ft \+bd «ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن!»\+bd* ــ «ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام» بۇ يەردە بەلكىم تىرىلىش كۈنىنى پۇرىتىدۇ.\f* \m \v 19 ئاھ، سەن رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئىدىڭ، ئى خۇدا! \m قانخور كىشىلەر، مەندىن يىراق بولۇش! \m \v 20 چۈنكى ئۇلار سېنىڭ توغرۇلۇق ھىيلىلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ \m سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلدى.\f □ \fr 139:20 \ft \+bd «سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى بىكار ئىشلىتىدۇ».\f* \m \v 21 ساڭا ئۆچمەن بولغانلارغا، ئى پەرۋەردىگار، مەنمۇ ئۆچقۇ؟ \m ساڭا قارشى چىققانلارغا مەنمۇ يىرگىنىمەنغۇ؟ \m \v 22 ئۇلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچتۇرمەن؛ \m ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىم دەپ ھېسابلايمەن. \m \v 23 مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەيسەن، ئى تەڭرىم! \m مېنىڭ قەلبىمنى بىلىپ يەتكەيسەن! \m مېنى سىناپ، غەملىك ئويلىرىمنى بىلگەيسەن؛\x + \xo 139:23 \xt ئايۇپ 31‏:6؛ زەب. 17‏:3؛ 26‏:2\x* \m \v 24 مەندە \add ئۆزۈڭگە\add* ئازار بەرگۈدەك يولنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرگەيسەن؛ \m ۋە مېنى مەڭگۈلۈك يولۇڭدا يېتەكلىگەيسەن! \b \b \m \c 140 \s1 140-كۈي •••• ئاھانەتچىلەر ھەم زومىگەرلەر ئارىسىدا \m \v 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m رەزىل ئادەمدىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ \m زوراۋان كىشىدىن مېنى ساقلىغايسەن. \m \v 2 ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ \m ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى. \m \v 3 تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ \m كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ \m سېلاھ.\x + \xo 140:3 \xt زەب. 58‏:4-5؛ رىم. 3‏:13\x* \m \v 4 رەزىل ئادەمنىڭ قوللىرىدىن مېنى ئامان قىلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m پۇتلىرىمنى پۇتلاشنى قەستلەيدىغان زوراۋان كىشىدىن ساقلىغايسەن. \m \v 5 تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ \m يول بويىدا تور يايدى، \m مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ \m سېلاھ.\x + \xo 140:5 \xt يەر. 18‏:22\x* \m \v 6 مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ تەڭرىمدۇرسەن» ــ دېدىم؛ \m يېلىنىشلىرىم ساداسىغا قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m \v 7 پەرۋەردىگار رەب نىجاتلىقىمنىڭ كۈچىدۇر؛ \m سەن جەڭ كۈنىدە بېشىمنى يېپىپ قوغدىغانسەن. \m \v 8 رەزىل ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى ئىجابەت قىلمىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئاققۇزمىغايسەن؛ \m بولمىسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ. \m سېلاھ. \m \v 9 مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، \m لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن؛\f □ \fr 140:9 \ft \+bd «مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنى قورشىغانلارنىڭ باشلامچىلىرىغا بولسا، ئۆز لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۆزلىرىگە چۈشسۇن».\f* \m \v 10 ئۈستىگە چوغلار ياغدۇرۇلسۇن؛ \m ئۇلار ئوتقا، \m قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن؛ \m \v 11 تىلى چېقىمچى ئادەمنىڭ يەر يۈزىدە ئورنى بولمىسۇن؛ \m بالايىئاپەت زوراۋانلارنى تۈگەشكۈچە ئوۋلايدۇ؛ \m \v 12 مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، \m يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛ \m \v 13 بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ \m كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ. \b \b \m \c 141 \s1 141-كۈي •••• رەزىللىك بىلەن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدۇ \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ \m يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ \m ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن. \m \v 2 دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، \m قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.\f □ \fr 141:2 \ft \+bd «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن»\+bd* ــ ياكى «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەدەك قوبۇل بولسۇن» ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار كەچلىك قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنۇشتىن ئاۋۋال، قولى بىلەن شۇ قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى خۇدا ئالدىدا كۆتۈرەتتى.\f*  \x + \xo 141:2 \xt مىس. 29‏:30؛ ۋەھ. 5‏:8؛ 8‏:3\x* \m \v 3 ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛ \m \v 4 كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. \m مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن! \m \v 5 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ \m بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ \m ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ \m بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. \m چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.\f □ \fr 141:5 \ft \+bd «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم ئۇلارغا (رەزىللەرگە) كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق» ھەم «كۈلپەت» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ).\f* \m \v 6 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، \m \add خەلق\add* مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ \m چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.\f □ \fr 141:6 \ft \+bd «خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر»\+bd* ــ «شېرىن» بەلكىم مۇشۇ يەردە «جايىدا، ئورۇنلۇق» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 7 بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، \m مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛\f □ \fr 141:7 \ft \+bd «بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى»\+bd* ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مۇشۇ سۆز ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، چۈشىنىش تەس.\f*  \x + \xo 141:7 \xt ئ‍ەز. 37‏:1،11،12\x* \m \v 8 بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛ \m ساڭا تايىنىمەن؛ \m جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن. \m \v 9 ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن، \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛ \m \v 10 رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن، \m مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن. \b \b \m \c 142 \s1 142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا \m \v 1 داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ \b \m مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ \m پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛\f □ \fr 142:1 \ft \+bd «داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان.\f* \m \v 2 ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ \m ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن. \m \v 3 روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، \m شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ \m مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.\x + \xo 142:3 \xt زەب. 77‏:3\x* \m \v 4 ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ \m ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ \m پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ \m ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ. \m \v 5 مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، \m تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.\x + \xo 142:5 \xt زەب. 16‏:5\x* \m \v 6 مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ \m چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ \m مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ \m چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.\x + \xo 142:6 \xt زەب. 41‏:2؛ 79‏:8؛ 116‏:6\x* \m \v 7 سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، \m جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ \m ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ \m چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن. \b \b \m \c 143 \s1 143-كۈي •••• روھىم تۈگىشەي دەپ قالدى! \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ \m يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ \m ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. \m \v 2 ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ \m چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ.\x + \xo 143:2 \xt رىم. 3، 4؛ گال. 3، 4\x* \m \v 3 چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، \m ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛ \m مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك، \m قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. \m \v 4 شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ \m ئىچىمدە قەلبىم سۇندى. \m \v 5 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛ \m سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ \m قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن.\x + \xo 143:5 \xt زەب. 77‏:5-12\x* \m \v 6 قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ \m جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. \m سېلاھ. \m \v 7 ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ \m دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ \m بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن. \m \v 8 مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ \m چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ \m مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ \m چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛\x + \xo 143:8 \xt زەب. 25‏:1\x* \m \v 9 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛ \m باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن. \m \v 10 ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛ \m چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛ \m سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛\f □ \fr 143:10 \ft \+bd «...مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي»\+bd* ــ ياكى «... مېنى تۈز كۆڭۈللەرنىڭ زېمىنىدا يېتەكلىگەي»، «... مېنى دىيانەتلىك زېمىندا يېتەكلىگەي».\f* \m \v 11 ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن. \m \v 12 ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛ \m جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛ \m چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن.\x + \xo 143:12 \xt زەب. 86‏:14-16؛ 116‏:16\x* \b \b \m \c 144 \s1 144-كۈي •••• پادىشاھنىڭ نىجاتلىقى ــ خەلقنىڭ بەختى \m \v 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ \b \m قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى، \m بارماقلىرىمغا ئۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان، \m مېنىڭ قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!\x + \xo 144:1 \xt 2سام. 22‏:35؛ زەب. 18‏:34\x* \m \v 2 مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، \m مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، \m مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ \m ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر!\x + \xo 144:2 \xt 2سام. 22‏:48؛ زەب. 18‏:47-48\x* \m \v 3 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىكەنسەن، ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ \m ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئويلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى دېگەن نېمە؟\x + \xo 144:3 \xt ئايۇپ 7‏:17؛ زەب. 8‏:4؛ 31‏:7؛ ئىبر. 2‏:6\x* \m \v 4 ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ \m ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس.\x + \xo 144:4 \xt ئايۇپ 8‏:9؛ 14‏:2، 3؛ زەب. 39‏:5-6؛ 62‏:9؛ 102‏:11؛ ياق. 4‏:14\x* \m \v 5 ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ \m تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس-تۈتەك چىقارغايسەن؛\x + \xo 144:5 \xt زەب. 18‏:7-9؛ 104‏:32\x* \m \v 6 چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ \m ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالغايسەن؛\x + \xo 144:6 \xt 1سام. 7‏:10؛ 2سام. 22‏:8؛ زەب. 18‏:13-14\x* \m \v 7 يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، \m مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ \m مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، \m ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن. \m \v 8 ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، \m ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.\f □ \fr 144:8 \ft \+bd «ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر»\+bd* ــ بەلكىم قەسەم قىلغاندا قولىنى يالغاندىن كۆتۈرگەن ياكى باشقىلار بىلەن كېلىشكەندە يالغاندىن قوللاشقان.\f* \m \v 9 ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ \m ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.\f □ \fr 144:9 \ft \+bd «ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن»\+bd* ــ «ئونتار» ئون تارلىق چىلتاردەك بىر ساز.\f* \m \v 10 سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ \m قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن. \m \v 11 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ \m ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، \m ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. \m \v 12 شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، \m قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛ \m \v 13 ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، \m تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، \m قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛ \m \v 14 كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان؛ \m ھېچكىم بېسىپ كىرمەيدىغان، ھېچكىم \add جەڭگە\add* چىقمايدىغان؛ \m كوچىلىرىمىزدا ھېچ جېدەل-غوۋغا بولمايدىغان؛ \f □ \fr 144:14 \ft \+bd «كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلاغلىرىمىز ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرىدىغان....».\f* \m \v 15 ئەھۋالى شۇنداق بولغان خەلق نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! \m خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق بەختلىكتۇر! \b \b \m \c 145 \s1 145-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا بايان قىلىش •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي \m \v 1 مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ \m |א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ \m نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. \m \v 2 |ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، \m نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! \m \v 3 |ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! \m ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛\x + \xo 145:3 \xt ئايۇپ 5‏:9؛ زەب. 48‏:1؛ 96‏:4؛ 150‏:2\x* \m \v 4 |ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ \m ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛\x + \xo 145:4 \xt قان. 4‏:9؛ 6‏:7\x* \m \v 5 |ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، \m ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ \m \v 6 |ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ \m مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! \m \v 7 |ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، \m ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ.\x + \xo 145:7 \xt زەب. 119‏:171-172\x* \m \v 8 |ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ \m ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛\x + \xo 145:8 \xt مىس. 34‏:6، 7؛ چۆل. 14‏:18؛ زەب. 86‏:15؛ 103‏:8\x* \m \v 9 |ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ \m ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ \m \v 10 |י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، \m سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. \m \v 11 |כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، \m كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ \m \v 12 |ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، \m پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. \m \v 13 |מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، \m سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر.\f □ \fr 145:13 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ \fp « נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).\f* \m \v 14 |ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، \m ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. \m \v 15 |ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ \m ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛\x + \xo 145:15 \xt زەب. 104‏:27\x* \m \v 16 |פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، \m بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. \m \v 17 |צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، \m ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. \m \v 18 |ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، \m ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ \m \v 19 |ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. \m \v 20 |ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ \m رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. \m \v 21 |ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ \m بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! \b \b \m \c 146 \s1 146-كۈي •••• خۇدا مەدھىيىلەنسۇن! \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە! \m \v 2 مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛ \m ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن. \m \v 3 ئېسىلزادىلەرگىمۇ، \m ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، \m ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر.\x + \xo 146:3 \xt زەب. 118‏:8، 9\x* \m \v 4 مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ، \m ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ \m شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ.\f □ \fr 146:4 \ft \+bd «ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم» ھەم «تۇپراق، توپا» بىر سۆزدۇر.\f* \m \v 5 ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم، \m پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر! \m \v 6 ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، \m دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ \m ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛ \m \v 7 ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. \m پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛ \m \v 8 پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ \m پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ.\x + \xo 146:8 \xt زەب. 145‏:14؛ 147‏:3؛ مات. 9‏:30؛ لۇقا 13‏:13؛ يـۇھ. 9‏:7،32\x* \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ \m يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ \m بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ. \m \v 10 پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ \m ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ! \m ھەمدۇسانا!\x + \xo 146:10 \xt مىس. 15‏:18؛ زەب. 145‏:13\x* \b \b \m \c 147 \s1 147-كۈي •••• ھەممىگە قادىر خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتىلسۇن! \m \v 1 ھەمدۇسانا! ياھنى مەدھىيىلەڭلار! \m بەرھەق، بۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ \m خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار! \m مەدھىيە ئوقۇش ئىنسانغا يارىشىدۇ.\x + \xo 147:1 \xt زەب. 33‏:1؛ 92‏:2؛ 135‏:3\x* \m \v 2 پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ \m ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ؛\f □ \fr 147:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، مۇشۇ كۈي ئىسرائىل بابىلغا سۈرگۈن بولغانلىقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزىلغان.\f* \m \v 3 ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.\x + \xo 147:3 \xt مىس. 15‏:26؛ ئايۇپ 5‏:18\x* \m \v 4 ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ.\f □ \fr 147:4 \ft \+bd «ئۇ... ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ... ئۇلارنى (يۇلتۇزلارنى) ئىسمىلىرىنى چاقىرىپ ئوپۇققا چىقىرىدۇ».\f*  \x + \xo 147:4 \xt يەش. 40‏:26\x* \m \v 5 ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ \m ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر. \m \v 6 پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ \m رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ. \m \v 7 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ \m كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار! \m \v 8 ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، \m زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، \m تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛\x + \xo 147:8 \xt ئايۇپ 38‏:26، 27؛ زەب. 104‏:13-14؛ ھوش. 2‏:23، 24\x* \m \v 9 ماللارغا ئوزۇق، \m تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛ \m \v 10 ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ \m ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛ \m \v 11 پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، \m ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. \m \v 12 پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ \m خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون. \m \v 13 چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ \m سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى. \m \v 14 ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، \m سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ. \m \v 15 ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ \m ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ.\x + \xo 147:15 \xt زەب. 33‏:9\x* \m \v 16 ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، \m قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ. \m \v 17 ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ \m ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟ \m \v 18 ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ \m ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ. \m \v 19 ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ياقۇپقا، \m بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛ \m \v 20 ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ \m ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. \m ھەمدۇسانا!\x + \xo 147:20 \xt روس. 14‏:16\x* \b \b \m \c 148 \s1 148-كۈي •••• پۈتكۈل ئالەم، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار! \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛ \m يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛\x + \xo 148:1 \xt لۇقا 2‏:14؛ ۋەھ. 5‏:13\x* \m \v 2 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ \m ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى! \m \v 3 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي، \m ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛ \m \v 4 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، \m ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار! \m \v 5 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ \m چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛\x + \xo 148:5 \xt يار. 1‏:6-31؛ زەب. 33‏:6، 9\x* \m \v 6 ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛ \m ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان.\x + \xo 148:6 \xt ئايۇپ 14‏:5،13؛ 26‏:10؛ 38‏:33؛ زەب. 104‏:5؛ 119‏:91؛ يەر. 31‏:35؛ 33‏:25\x* \m \v 7 پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، \m دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛ \m \v 8 ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان، \m ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛ \m \v 9 تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر، \m مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى، \m \v 10 ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، \m ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛ \m \v 11 جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، \m ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛ \m \v 12 ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، \m بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ \m \v 13 ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ \m چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ \m ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.\x + \xo 148:13 \xt پەند. 18‏:10؛ يەش. 12‏:4\x* \m \v 14 ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، \m يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛ \m ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى، \m ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر! \m ھەمدۇسانا!\f □ \fr 148:14 \ft \+bd «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...»\+bd* ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 148:14 \xt زەب. 132‏:17\x* \b \b \m \c 149 \s1 149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار! \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ \m مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار! \m \v 2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛ \m زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي!\x + \xo 149:2 \xt زەب. 100‏:3\x* \m \v 3 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛ \m ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن!\x + \xo 149:3 \xt زەب. 81‏:2-4\x* \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ \m ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛ \m \v 5 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، \m ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!\f □ \fr 149:5 \ft \+bd «ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!»\+bd* ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.\f* \m \v 6 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن، \m قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛\x + \xo 149:6 \xt 2تېـس. 2‏:8؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16\x* \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، \m خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛ \m \v 8 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، \m ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛\x + \xo 149:8 \xt مات. 18‏:18\x* \m \v 9 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ \m ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ! \m ھەمدۇسانا!\x + \xo 149:9 \xt قان. 4‏:6\x* \b \b \m \c 150 \s1 150-كۈي •••• ئاخىرىدا ــ پەقەت ھەمدۇسانا! \m \v 1 ھەمدۇسانا! \m تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛ \m قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛\x + \xo 150:1 \xt يەش. 6‏:3\x* \m \v 2 ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛ \m غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ \m \v 3 ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ \m ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ \m \v 4 ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ \m ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ \m \v 5 ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ \m \v 6 بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن! \m ھەمدۇسانا!