\id PRO \h پەند-نەسىھەتلەر \toc1 پەند-نەسىھەتلەر \toc2 پەند-نەسىھەتلەر \toc3 پەند. \mt1 پەند-نەسىھەتلەر \c 1 \s1 پەند-نەسىھەتلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى \m \v 1 ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ \x + \xo 1:1 \xt 1پاد. 4‏:32؛ ۋەھ. 9:3\x* \m \v 2 بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛ \v 3 ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. \v 4 بۇ \add پەند-نەسىھەتلەر\add* نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛ \v 5 بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، \f □ \fr 1:5 \ft \+bd «يورۇتۇلغان كىشى»\+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشلارنى، مەسىلىلەرنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان كىشى» دېگەن مەنىدە.\f* \v 6 شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ. \b \m \s1 ياشلارغا نەسىھەت \m \v 7 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ \m ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.\x + \xo 1:7 \xt ئايۇپ 28‏:28؛ زەب. 111‏:10؛ پەند. 9‏:10؛ توپ. 12‏:13\x* \m \v 8 ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛ \v 9 چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ. \m \v 10 ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن. \m \v 11 ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ \m يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «... تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۇزاق قۇرۇپ قان تۆكەيلى».\f* \m \v 12 تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، \m ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېگەن سۆز).\f* \m \v 13 ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ، \m ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز. \m \v 14 بىز بىلەن شېرىك بول، \m ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ \m \v 15 ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، \m ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۇتۇڭنى ئۇلارنىڭ يولىدىن نېرى قىل!».\f* \m \v 16 چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، \m قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.\x + \xo 1:16 \xt يەش. 59‏:7؛ رىم. 3‏:15\x* \m \v 17 ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛ \m \v 18 لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ \m ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ. \m \v 19 نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ \m \add ھارام مال-دۇنيا\add* ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.\x + \xo 1:19 \xt ئايۇپ 8‏:13\x* \b \m \s1 دانالىق ساداسى \m \v 20 \add بۈيۈك\add* دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، \m چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا.\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «دانالىق»\+bd* ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «دانالىق» پەزىلەتلىك بىر ئايالنىڭ سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ «پەزىلەتلىك ئايال» 1:5-14، 20:6-35، 6:7-27، 13:9-18دە بايان قىلىنغان «پاھىشە ئايال» بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشى «پەند-نەسىھەتلەر»نىڭ مۇھىم بىر تېمىسىدۇر.\f* \m \v 21 كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا، \m شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ \m \v 22 ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ \m مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ \m ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!\f □ \fr 1:22 \ft \+bd «ساددىلار»\+bd* ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «ساددىلار» (ياكى «نادانلار») دېگەننىڭ «ئۆگەنمىگەنلەر»، «ساۋاتقا ئېرىشمىگەنلەر» دېگەن باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ بار. \+bd «ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» موشۇ يەردە «نادانلار»غا («ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلسىمۇ، لېكىن «ئەخمەقلەر»گە ۋە «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى رەزىل يوللارنى تۇتقاچقا، ئۇلارغا ھېچقانداق بىۋاسىتە نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (4:8، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 23 تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! \m روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، \m سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم. \m \v 24 لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛ \m قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار.\x + \xo 1:24 \xt يەش. 65‏:12؛ 66‏:4؛ يەر. 13‏:10\x* \m \v 25 نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار، \m تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار. \m \v 26 شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن، \m ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن. \m \v 27 ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە، \m ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە، \m سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ \x + \xo 1:27 \xt ئايۇپ 27‏:9؛ 35‏:12؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ 14‏:12؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 3‏:4\x* \m \v 28 ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ، \m مەن پەرۋا قىلمايمەن، \m مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ. \m \v 29 ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، \m پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن، \m \v 30 مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، \m تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن، \m \v 31 ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ، \m ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛ \m \v 32 چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛ \m ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. \m \v 33 لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، \m بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ. \b \b \m \c 2 \s1 دانالىقنىڭ مېۋىسى \m \v 1 ئى ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ، \m نەسىھەتلىرىمنى قەلبىڭگە پۈكسەڭ، \m \v 2 ئەگەردە دانالىققا قۇلاق سالساڭ، \m يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بەرسەڭ، \m \v 3 ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، \m يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ، \m \v 4 ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، \m يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،\x + \xo 2:4 \xt مات. 13‏:44\x* \m \v 5 ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن \add ھەقىقىي\add* قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، \m ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ. \m \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ \m ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ.\x + \xo 2:6 \xt 1پاد. 3‏:9،12؛ ياق. 1‏:5\x* \m \v 7 ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، \m ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر. \m \v 8 ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، \m ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ. \m \v 9 ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، \m شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن. \m \v 10 دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، \m بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا، \m \v 11 پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، \m يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ. \m \v 12 ئۇلار سېنى يامان يولدىن، \m تىلى زەھەر ئادەملەردىن قۇتقۇزىدۇ؛ \m \v 13 يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، \m قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، \m \v 14 رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، \m يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن، \m \v 15 يەنى ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، \m قىڭغىر يولدا ماڭىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ. \m \v 16 \add دانالىق\add* سېنى بۇزۇق ئايالدىن، \m يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.\x + \xo 2:16 \xt پەند. 5‏:3؛ 6‏:24؛ 7‏:5\x* \m \v 17 \add بۇنداق ئاياللار\add* ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، \m خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر. \m \v 18 ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، \m ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ. \m \v 19 ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلگىنى يوق، \m ئۇلاردىن بىرىمۇ ھاياتلىق يوللىرىغا ئېرىشكىنى يوق. \m \v 20 \add شۇلارنى چۈشەنسەڭ\add* ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭىسەن، \m ھەققانىيلارنىڭ يوللىرىنى تۇتىسەن. \m \v 21 چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، \m مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ.\x + \xo 2:21 \xt زەب. 37‏:29\x* \m \v 22 لېكىن رەزىللەر زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، \m ۋاپاسىزلار ئۇنىڭدىن يۇلۇۋېتىلىدۇ.\x + \xo 2:22 \xt ئايۇپ 18‏:17؛ زەب. 104‏:35\x* \b \b \m \c 3 \s1 ياشلارغا سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 1 ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، \m دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «چىڭ تۇت»\+bd* ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا: «قوغدا، مۇداپىئە قىل» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 2 چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «بەرىكەتلىك كۈنلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى».\f*  \x + \xo 3:2 \xt قان. 8‏:1؛ 30‏:20\x* \m \v 3 مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، \m بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، \m قەلبىڭگە پۈتىۋال.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «قەلبىڭگە پۈتىۋال»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبىڭدىكى تاختايغا پۈتۈۋال» (مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇقەددەس قانۇن ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈلگەنىدى).\f*  \x + \xo 3:3 \xt مىس. 13‏:9؛ قان. 6‏:8\x* \m \v 4 شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «ئىلتىپات» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، ئىككىنچى مەنىسى «گۈزەللىك»تۇر.\f* \b \m \v 5 ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ \m \v 6 قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ \m ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «قانداقلا ئىش قىلساڭ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق يوللىرىڭدا...».\f*  \x + \xo 3:6 \xt 1تار. 28‏:9\x* \m \v 7 ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ \m پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.\x + \xo 3:7 \xt رىم. 12‏:16\x* \m \v 8 شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، \m ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «دەردىڭگە دەرمان... بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىندىكىڭگە سالامەتلىك.... بولىدۇ».\f* \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، \m ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛\x + \xo 3:9 \xt مىس. 23‏:19؛ 34‏:26؛ قان. 26‏:2-11؛ مال. 3‏:10؛ لۇقا 14‏:13\x* \m \v 10 شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، \m شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ.\x + \xo 3:10 \xt قان. 28‏:8\x* \m \v 11 ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، \m ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە.\x + \xo 3:11 \xt ئايۇپ 5‏:17؛ ئىبر. 12‏:5\x* \m \v 12 چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، \m پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ.\x + \xo 3:12 \xt ۋەھ. 3‏:19\x* \m \v 13 دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، \m يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! \m \v 14 چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، \m قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر.\x + \xo 3:14 \xt ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ پەند. 8‏:11،19؛ 16‏:16\x* \m \v 15 ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، \m ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.\x + \xo 3:15 \xt پەند. 8‏:11\x* \m \v 16 دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، \m سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر. \m \v 17 ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، \m ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر. \m \v 18 ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، \m ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك!\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، «ئېرەن باغچىسى»دىكى ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەييارلانغان «ھاياتلىق دەرىخى»نى كۆرسىتىدۇ (تەۋرات، «يار.» 9:2).\f* \m \v 19 پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، \m ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى. \m \v 20 ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، \m ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى.\f □ \fr 3:20 \ft \+bd «يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى»\+bd* ــ بەلكىم نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدىكى «چوڭ توپان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يار.» 11:7)\f*  \x + \xo 3:20 \xt يار. 1‏:9،10\x* \m \v 21 ئى ئوغلۇم! \add دانالىق بىلەن بىلىمنى\add* كۆزۈڭدىن چىقارما، \m پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت. \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، \m بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ. \m \v 23 شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، \m يولدا پۇتلاشمايسەن.\x + \xo 3:23 \xt زەب. 37‏:23-24؛ 91‏:9-12\x* \m \v 24 ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، \m يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن.\x + \xo 3:24 \xt لاۋ. 6‏:19؛ ئايۇپ 11‏:19؛ زەب. 3‏:5؛ 4‏:8؛ 91‏:5، 6\x* \m \v 25 بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، \m رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!\f □ \fr 3:25 \ft \+bd «رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!»\+bd* ــ ياكى «رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشكەن ۋەيرانچىلىقتىن غەم قىلمىغىن!».\f*  \x + \xo 3:25 \xt ئايۇپ 5‏:21\x* \m \v 26 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، \m ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ. \b \m \v 27 پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن. \m \v 28 قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن. \m \v 29 قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، \m چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ. \m \v 30 بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، \m ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.\f □ \fr 3:30 \ft \+bd «سەۋەبسىز ماجىرالاشما»\+bd* ــ ياكى «سەۋەبسىز دەۋالاشما».\f* \m \v 31 زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، \m ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما.\x + \xo 3:31 \xt زەب. 37‏:1؛ 73‏:3؛ پەند. 23‏:17\x* \m \v 32 چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، \m لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر.\x + \xo 3:32 \xt ئايۇپ 29‏:4؛ زەب. 25‏:9،12،14\x* \m \v 33 پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، \m لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر.\x + \xo 3:33 \xt لاۋ. 26‏:14-45؛ قان. 28‏:15-68؛ مال. 2‏:2\x* \m \v 34 بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، \m لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ.\x + \xo 3:34 \xt ياق. 4‏:6؛ 1پېت. 5‏:5\x* \m \v 35 دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، \m لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ.\f □ \fr 3:35 \ft \+bd «لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ»\+bd* ــ ياكى «لېكىن ئۇ (خۇدا) ھاماقەتلەرنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا كىنايە ئىشلىتىپ، ئاخىرقى سۆز «كۆتۈرۈلىدۇ» بولىدۇ).\f* \b \b \m \c 4 \s1 خىكمەت ۋە دانالىقنىڭ پايدىسى \m \v 1 ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، \m كۆڭۈل قويساڭلار، \m يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. \m \v 2 چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، \m كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار. \m \v 3 چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، \m ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم،\x + \xo 4:3 \xt 1تار. 29‏:1\x* \m \v 4 ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: \m ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ \m كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، \m شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن.\x + \xo 4:4 \xt 1تار. 28‏:9\x* \m \v 5 دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، \m ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما. \m \v 6 \add دانالىقتىن\add* ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ \m ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ. \m \v 7 دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ \m شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ \m بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن.\x + \xo 4:7 \xt پەند. 23‏:23\x* \m \v 8 \add دانالىقنى\add* ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ، \m ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. \m \v 9 بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك \add ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ\add*، \m ساڭا شۆھرەتلىك تاج ئىنئام قىلىدۇ.\x + \xo 4:9 \xt پەند. 1‏:19\x* \m \v 10 ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، \m شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ. \m \v 11 مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، \m سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي. \m \v 12 ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ، \m يۈگۈرسەڭ يىقىلىپ چۈشمەيسەن.\x + \xo 4:12 \xt زەب. 91‏:9-12\x* \m \v 13 ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت، \m قولۇڭدىن كەتكۈزمىگىن؛ \m ئوبدان ساقلىغىن ئۇنى، \m چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر. \b \m \v 14 يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، \m رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما.\x + \xo 4:14 \xt زەب. 1‏:1؛ پەند. 1‏:10،15\x* \m \v 15 ئۇلارنىڭ \add يولىدىن\add* ئۆزۈڭنى قاچۇر، \m \add يولىغا\add* يېقىن يولىما؛ \m ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، \m نېرى كەتكىن. \m \v 16 چۈنكى \add يامانلار\add* بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس، \m بىرەرسىنى يىقىتمىغۇچە ئۇيقۇسى كەلمەس. \m \v 17 يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، \m زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر. \m \v 18 لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، \m كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ. \m \v 19 يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ، \m ئۇلار يىقىلىپ، نېمىگە پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ. \b \m \v 20 ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، \m گەپلىرىمگە قۇلاق سال. \m \v 21 ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، \m يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن. \m \v 22 چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، \m ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر.\x + \xo 4:22 \xt پەند. 4‏:13\x* \m \v 23 قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، \m چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ. \m \v 24 ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، \m لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن. \m \v 25 كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، \m نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛ \m \v 26 ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، \m شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. \m \v 27 ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ \m قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت.\x + \xo 4:27 \xt قان. 5‏:32؛ 28‏:14\x* \b \b \m \c 5 \s1 بۇزۇقچىلىق-پاھىشىۋازلىقنىڭ ئاقىۋىتى بالايىئاپەتتۇر، سادىقلىقنىڭ نەتىجىسى بەخت-سائادەتتۇر \m \v 1 ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن، \m ئىدراكلىك سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن. \m \v 2 شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، \m لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ. \m \v 3 چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، \m لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛\x + \xo 5:3 \xt پەند. 2‏:16؛ 6‏:24\x* \m \v 4 لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، \m ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر. \m \v 5 ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، \m تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «گۆر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا» دېيىلىدۇ، ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر.\f*  \x + \xo 5:5 \xt پەند. 7‏:27\x* \m \v 6 ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ، \m باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ، \m نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. \m \v 7 شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، \m مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار. \m \v 8 ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! \m ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما! \m \v 9 بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، \m \add ياشلىق\add* يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن!\x + \xo 5:9 \xt پەند. 6‏:34،35\x* \m \v 10 يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، \m جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ \m \v 11 ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، \m ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا، \m \v 12 شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! \m كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن! \m \v 13 نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ \m ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟ \m \v 14 جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن.\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!»\+bd* ــ ياكى «پۈتۈنلەي زاۋاللىققا چۈشكەندەكمەن!».\f* \b \m \v 15 ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، \m ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان.\f □ \fr 5:15 \ft \+bd «ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇ...، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 16 بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە \add بولامدۇ\add*؟ \m ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟ \m \v 17 بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، \m يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!\f □ \fr 5:17 \ft \+bd «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟ ... بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!»\+bd* ــ 16-17-ئايەتلەر شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە. بىزنىڭچە كۆچمە مەنىسى: «ئىشقى مۇھەببەتلىرىڭنى يات ئايالغا بەرمە، پەقەت ئۆز جوراڭغىلا بېغىشلا؛ بولمىسا ئىنتايىن نومۇس ئىش بولىدۇ، رەستە-كوچىلاردا رەسۋا بولىسەن» دېگەندەك بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار مۇشۇ ئايەتتىكى «سۇلار» بالىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراپ، مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: ــ \fp «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسۇن، ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسۇن (دېمەك، «پەرزەنتلىرىڭ ئۇرغۇغان بۇلاقلاردەك ھەر يەرگە تارقالسۇن!»)؛ پەقەتلا ساڭىلا خاس بولسۇن، يات ئايالدىن بولغان بولمىسۇن!».\f* \m \v 18 بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! \m ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان.\f □ \fr 5:18 \ft \+bd «بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي!»\+bd* ــ «بۇلىقىڭ» مۇشۇ ئايەتتە «ئۆز ئايالىڭ»نى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 19 ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! \m ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، \m ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن.\f □ \fr 5:19 \ft \+bd «ئۇنىڭ باغرىدىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئەمچەكلىرىدىن...».\f* \m \v 20 ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ \m نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟ \m \v 21 چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، \m ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ.\x + \xo 5:21 \xt 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 31‏:4؛ 34‏:21؛ پەند. 15‏:3؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19\x* \m \v 22 يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، \m ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ. \m \v 23 ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، \m چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. \b \b \m \c 6 \s1 يەنە بىرنەچچە نەسىھەت \m \v 1 ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، \m يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ،\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «بورۇن»\+bd* ــ كېپىل بولغان كىشى.\f* \m \v 2 ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، \m ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ، \m \v 3 ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، \m ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ \m دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ \add شۇ ئىشتىن\add* خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا. \m \v 4 جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، \m قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، \m قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، \m ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما.\x + \xo 6:4 \xt زەب. 132‏:4-5؛ پەند. 20‏:13\x* \b \m \s1 چۈمۈلە \m \v 6 ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ \add ئۇنىڭدىن ئۆگەن\add*، \m ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول. \m \v 7 ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ، \m \v 8 لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، \m ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ. \m \v 9 ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ \m قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟\x + \xo 6:9 \xt پەند. 13‏:4؛ 20‏:4؛ 24‏:33،34\x* \m \v 10 سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، \m بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن. \m \v 11 لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، \m يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. \b \m \v 12 ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ.\f □ \fr 6:12 \ft \+bd «ئەرزىمەس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس» دېگەنلىك بولۇپ، بەلكىم ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 13 ئۇ كۆز قىسىپ، \m پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، \m بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛ \m \v 14 كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، \m ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، \m ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ. \m \v 15 شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، \m ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. \b \m \v 16 پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، \m بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. \m \v 17 ئۇلار بولسا، \m تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، \m يالغان سۆزلەيدىغان تىل، \m بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول،\x + \xo 6:17 \xt پەند. 30‏:13\x* \m \v 18 سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، \m يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار،\x + \xo 6:18 \xt رىم. 3‏:15\x* \m \v 19 يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، \m بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر. \b \m \s1 زىناخورلۇقتىن ئۆزۈڭنى تارت \m \v 20 ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ \m ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما.\x + \xo 6:20 \xt پەند. 1‏:8\x* \m \v 21 ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، \m ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال.\x + \xo 6:21 \xt پەند. 3‏:3\x* \m \v 22 يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، \m ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، \m ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ.\x + \xo 6:22 \xt پەند. 3‏:23،24\x* \m \v 23 چۈنكى \add خۇدانىڭ\add* پەرمانى يورۇق چىراغ، \m ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ \m تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.\x + \xo 6:23 \xt زەب. 19‏:7-9؛ 119‏:105\x* \m \v 24 ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، \m يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر.\x + \xo 6:24 \xt پەند. 2‏:16؛ 5‏:3؛ 7‏:5\x* \m \v 25 ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، \m ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن. \m \v 26 چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، \m يات ئادەمنىڭ \add زىناخور\add* ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ. \m \v 27 ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، \m ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ \m \v 28 چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ \m \v 29 باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ \m كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. \m \v 30 ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛ \m \v 31 شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، \m ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ \m ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ.\x + \xo 6:31 \xt مىس. 22‏:1، 4\x* \m \v 32 ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ \add بەتتەر بولۇپ\add*، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ \m ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. \m \v 33 ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، \m ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. \m \v 34 چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، \m ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. \m \v 35 تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، \m ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ. \b \b \m \c 7 \m \v 1 ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل، \m تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا. \m \v 2 تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛ \m تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا.\x + \xo 7:2 \xt لاۋ. 18‏:5؛ پەند. 4‏:4\x* \m \v 3 ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي، \m قەلب تاختاڭغا يېزىۋال.\x + \xo 7:3 \xt قان. 6‏:8؛ 11‏:18\x* \m \v 4 دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن، \m پەم-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر. \m \v 5 شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، \m ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ.\x + \xo 7:5 \xt پەند. 5‏:3\x* \b \m \s1 بۇزۇق خوتۇن \m \v 6 \add بىر قېتىم\add* ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا، \m \v 7 بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم، \m ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم، \m \v 8 ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق \add خوتۇن تۇرۇشلۇق\add* دوقمۇشتىن ئۆتۈپ، \m ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. \m \v 9 كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، \m زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا \add ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى\add*. \m \v 10 مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛ \m كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ، \m نىيىتى ھىيلە-مىكىر ئىدى. \m \v 11 ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن، \m ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ،\x + \xo 7:11 \xt پەند. 9‏:13\x* \m \v 12 بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا، \m ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ. \m \v 13 ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ، \m نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا: ــ \m \v 14 «ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار، \m مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم،\f □ \fr 7:14 \ft \+bd «ئىناقلىق قۇربانلىقى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇقەددەس قانۇن بېكىتكەن بىر خىل قۇربانلىق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى؛ (1) خۇدا بىلەن بولغان ئىناقلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن؛ (2) خۇداغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن؛ (3) خۇداغا دۇئا بىلەن قىلغان قەسىمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن. \fp قۇربانلىققا كالا، قوي ياكى ئۆچكىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى، قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى ئۇنى قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، گۆشىدىن ئېلىپ يېيەلەيدۇ. مۇشۇ يەردە بۇ ئايال: «مەن خۇدا ئالدىدا پاك» دېمەكچى بولىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 15 شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، \m دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. \m ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم! \m \v 16 كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم. \m \v 17 ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم.\x + \xo 7:17 \xt كۈي. 4‏:14. \x* \m \v 18 كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى، \m كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش-ئىشرەت قىلايلى، \m \v 19 ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى. \m \v 20 ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى، \m ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى. \m \v 21 ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، \m چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى.\x + \xo 7:21 \xt پەند. 1‏:17\x* \m \v 22‏-23 سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، \m ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، \m قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، \m يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. \m جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، \m ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. \b \m \v 24 ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، \m دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، \m \v 25 قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار، \m ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار. \m \v 26 بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، \m ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر، \m \v 27 ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، \m ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر.\f □ \fr 7:27 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر.\f*  \x + \xo 7:27 \xt پەند. 2‏:18؛ 5‏:5\x* \b \b \m \c 8 \s1 «دانالىق» خىتاب قىلىدۇ \m \v 1 \add قۇلاق سال،\add* دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟ \m يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟\x + \xo 8:1 \xt پەند. 1‏:20،21\x* \m \v 2 يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن، \m دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ، \m \v 3 شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا، \m ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ \m \v 4 «ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن، \m ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن، \m \v 5 گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، \m ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!\f □ \fr 8:5 \ft \+bd «گۆدەك بولغانلار، ...ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» «نادانلار»غا (ياكى «گۆدەكلەر» يانكى «ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ، پەقەت \+bd بەزىدە\+bd* «ئەخمەقلەر»گە بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ، لېكىن «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا ھەرگىز بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار» رەزىل يوللارنى تۇتقىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ھېچقانداق نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (22:1، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 6 ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، \m چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن، \m ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى \add سىلەرگە\add* يەتكۈزىمەن. \m \v 7 ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر، \m ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ \f □ \fr 8:7 \ft \+bd «ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تاڭلايىم ھەقىقەتنى سېغىنىپ سۆزلەيدۇ».\f* \m \v 8 سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق، \m ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر. \m \v 9 ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، \m بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر. \m \v 10 كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، \m ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار. \m \v 11 چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل، \m ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.\x + \xo 8:11 \xt ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ پەند. 3‏:14،15؛ 16‏:16\x* \m \v 12 مەن بولسام دانالىقمەن، \m زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن، \m ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن.\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «...بىلىمنى ئايان قىلىمەن»\+bd* ــ ياكى «...بىلىمنى تېپىپ بېرىمەن».\f* \m \v 13 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ \m تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن. \m \v 14 مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ \m مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر. \m \v 15 پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، \m مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس. \m \v 16 مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، \m ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار \add توغرا\add* ھۆكۈم قىلىدۇ. \m \v 17 كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، \m مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛ \m \v 18 مەندە بايلىق، شۆھرەت، \m ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار.\x + \xo 8:18 \xt پەند. 3‏:16\x* \m \v 19 مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، \m ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، \m مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر.\x + \xo 8:19 \xt پەند. 3‏:14\x* \m \v 20 مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ \m ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى، \m \v 21 مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛ \m ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن. \m \v 22‏-23 پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا، \m قەدىمدە ياسىغانلىرىدىن بۇرۇنلا، \m مەن ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمەن. ئەزەلدىن تارتىپلا ــ مۇقەددەمدە، \m يەر-زېمىن يارىتىلماستىلا، \m مەن تىكلەنگەنمەن.\f □ \fr 8:22‏-23 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار يولىنى باشلىشىدىلا...». \+bd «...مەن تىكلەنگەنمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...مەن مەسىھ قىلىندىم».\f*  \x + \xo 8:22‏-23 \xt يـۇھ. 1‏:1\x* \m \v 24 چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال، \m مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛ \m مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا، \m \v 25‏-26 ئېگىز تاغلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلماستىنلا، تۆپىلىكلەر شەكىللەنمەستىنلا، \m \add پەرۋەردىگار\add* بىپايان زېمىن، كەڭ دالالارنى، \m ئالەمنىڭ ئەسلىيدىكى توپا-چاڭلىرىنىمۇ تېخى ياراتماستىنلا، \m مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن. \m \v 27‏-29 ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا، \m دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا، \m ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، \m چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا، \m دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا، \m بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا، \m مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛\x + \xo 8:27‏-29 \xt ئايۇپ 26‏:10؛ يار. 7‏:11؛ يار. 1‏:9، 10؛ ئايۇپ 38‏:10، 11؛ زەب. 104‏:6-9.\x* \m \v 30 شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، \m مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛ \x + \xo 8:30 \xt يـۇھ. 5‏:17\x* \m \v 31 مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، \m دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم، \m \v 32 شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ \m چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار!\x + \xo 8:32 \xt زەب. 119‏:1، 2؛ 128‏:1؛ لۇقا 11‏:28\x* \m \v 33 ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ، \m دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما. \m \v 34 سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، \m ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي، \m ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر! \m \v 35 كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، \m پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ.\x + \xo 8:35 \xt پەند. 12‏:2\x* \m \v 36 لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، \m مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ».\f □ \fr 8:36 \ft \+bd «لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ 8-باب ھەمدە 1:9-12تىكى چوڭ تېما «دانالىق»تۇر. بۇ بابلاردىكى خەۋەردىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە «دانالىق» بىر شەخستۇر. ئىنجىلدا بۇ شەخسنىڭ خۇدا بىلەن بىللە مەڭگۈلۈك تۇرغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكى ئايان قىلىدۇ (مەسىلەن «يۇھ،» 1:1-4، 18، «1كور.» 24:1، 30، «فىل.» 5:2-11، «كول.» 15:1-18، «ئىبر.» 1:1-12، «1يۇھ.» 1:1-2، «ۋەھ.» 12:22-13 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 9 \s1 دانالىقنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى، بۇزۇق خوتۇننىڭ سۆزلىرى \m \v 1 دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، \m ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. \m \v 2 ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، \m ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، \m زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ \m \v 3 دېدەكلىرىنى \add مېھمان چاقىرىشقا\add* ئەۋەتتى، \m ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ:\x + \xo 9:3 \xt پەند. 8‏:2\x* \m \v 4 «ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ \m نادانلارغا: \m \v 5 قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، \m مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ \m \v 6 نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، \m يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. \b \m \v 7 ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، \m قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. \m \v 8 ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ \m ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ.\x + \xo 9:8 \xt مات. 7‏:6\x* \m \v 9 دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ \m ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، \m بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. \b \m \v 10 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، \m مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر.\x + \xo 9:10 \xt ئايۇپ 28‏:28؛ زەب. 111‏:10؛ پەند. 1‏:7\x* \m \v 11 مەن \add دانالىق\add* سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، \m ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر.\x + \xo 9:11 \xt پەند. 10‏:27\x* \m \v 12 سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، \m دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. \b \m \v 13 نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، \m ھېچنېمە بىلمەستۇر.\x + \xo 9:13 \xt پەند. 7‏:11\x* \m \v 14 ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، \m شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، \m \v 15 ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: \m \v 16 «كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، \m ۋە ئەقىلسىزلەرنى: \m \v 17 «ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، \m ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ.\x + \xo 9:17 \xt پەند. 20‏:17\x* \m \v 18 لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، \m ئۇنىڭ \add بۇرۇنقى\add* مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس.\f □ \fr 9:18 \ft \+bd «تەھتىسارانىڭ تەگلىرى»\+bd* ــ «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر.\f*  \x + \xo 9:18 \xt پەند. 2‏:18\x* \b \b \m \c 10 \s1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى \m \v 1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ \b \m دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ \m ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.\x + \xo 10:1 \xt پەند. 15‏:20\x* \m \v 2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ \m ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.\x + \xo 10:2 \xt پەند. 11‏:4\x* \m \v 3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ \m لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار. \m \v 4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ \m ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «ھۇرۇنلۇق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». \+bd «ئىشچانلىق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى».\f*  \x + \xo 10:4 \xt پەند. 12‏:24\x* \m \v 5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ \m لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر. \m \v 6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ \m ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.\f □ \fr 10:6 \ft \+bd «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».\f* \m \v 7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ \m يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار. \m \v 8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ \m كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.\x + \xo 10:8 \xt پەند. 10‏:10\x* \m \v 9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، \m يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ. \m \v 10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ \m كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. \m \v 11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، \m ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ھاياتلىق بۇلىقى»\+bd* ــ بەلكىم «ئېرەن باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. \+bd «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار»\+bd* ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».\f*  \x + \xo 10:11 \xt پەند. 10‏:6؛ 13‏:14\x* \m \v 12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ \m مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.\x + \xo 10:12 \xt 1كور. 13‏:7؛ 1پېت. 4‏:8\x* \m \v 13 ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ \m ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.\x + \xo 10:13 \xt پەند. 20‏:30\x* \m \v 14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ \m لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار. \m \v 15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ \m مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. \m \v 16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، \m قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.\f □ \fr 10:16 \ft \+bd «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر»\+bd* ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».\f* \m \v 17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ \m تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر. \m \v 18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ \m تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.\f □ \fr 10:18 \ft \+bd «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».\f* \m \v 19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، \m لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر. \m \v 20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ \m ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.\f □ \fr 10:20 \ft \+bd «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». \+bd «ياماننىڭ ئويلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».\f* \m \v 21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ \m ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر. \m \v 22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ \m ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. \m \v 23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ \m ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ \add خۇرسەنلىكىدۇر\add*.\f □ \fr 10:23 \ft \+bd «يورۇتۇلغان»\+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 10:23 \xt پەند. 14‏:9\x* \m \v 24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ \m ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. \m \v 25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ \m لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر. \m \v 26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، \m كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، \m ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.\f □ \fr 10:26 \ft \+bd «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».\f* \m \v 27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، \m ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.\x + \xo 10:27 \xt پەند. 9‏:11\x* \m \v 28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ \m لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.\x + \xo 10:28 \xt ئايۇپ 8‏:13،14؛ 11‏:20؛ زەب. 112‏:10\x* \m \v 29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ \m قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.\x + \xo 10:29 \xt پەند. 13‏:6\x* \m \v 30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ \m يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس. \m \v 31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ \m لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار. \m \v 32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ \m يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار. \b \b \m \c 11 \m \v 1 يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار.\x + \xo 11:1 \xt لاۋ. 19‏:36؛ قان. 25‏:13؛ پەند. 16‏:11؛ 20‏:10،23\x* \m \v 2 تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ \m لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار.\x + \xo 11:2 \xt پەند. 15‏:33؛ 16‏:18؛ 18‏:12\x* \m \v 3 توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ \m لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار.\x + \xo 11:3 \xt پەند. 13‏:6\x* \m \v 4 خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ \m لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.\x + \xo 11:4 \xt پەند. 10‏:2؛ ئ‍ەز. 7‏:19؛ زەف. 1‏:18\x* \m \v 5 كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ \m يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار. \m \v 6 دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ \m لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار. \m \v 7 رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ \m گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «كۈچلۈكلەرنىڭ ئۈمىدى...».\f* \m \v 8 ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ \m رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار.\x + \xo 11:8 \xt زەب. 34‏:19؛ پەند. 21‏:18\x* \m \v 9 مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ \m لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار. \m \v 10 ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ \m رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار. \m \v 11 توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ \m لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار. \m \v 12 ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ \m ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار. \m \v 13 گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ \m سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس. \m \v 14 يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ \m ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار.\f □ \fr 11:14 \ft \+bd «يوليورۇق كەم بولسا...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «كۆپ مەسلىھەتچىلەر بولسا،...». \+bd «...نىجات تاپار»\+bd* ــ ياكى «....بىخەتەر تۇرار».\f*  \x + \xo 11:14 \xt 1پاد. 12‏:1-20\x* \m \v 15 ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ \m قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار.\f □ \fr 11:15 \ft \+bd «ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس»\+bd* ــ 1:6 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ \m زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس. \m \v 17 رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ \m رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار. \m \v 18 يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ \m ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار.\f □ \fr 11:18 \ft \+bd «يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان ئادەمنىڭ ئىش ھەققى يالغان بولار».\f* \m \v 19 ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ \m يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار. \m \v 20 نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. \m \v 21 قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ \m لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار.\f □ \fr 11:21 \ft \+bd «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شۈبھىسىزكى،...».\f*  \x + \xo 11:21 \xt پەند. 16‏:5\x* \m \v 22 چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، \m چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر. \m \v 23 ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ \m يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر. \m \v 24 بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ \m يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار. \m \v 25 مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ \m باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار.\x + \xo 11:25 \xt زەب. 112‏:9؛ 2كور. 9‏:9\x* \m \v 26 ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ \m لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر. \m \v 27 ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ \m يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر.\x + \xo 11:27 \xt زەب. 7‏:16؛ 9‏:15،16؛ 10‏:2؛ 57‏:6\x* \m \v 28 ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ \m ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر.\x + \xo 11:28 \xt زەب. 1‏:3، 4؛ 92‏:12-14\x* \m \v 29 ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ \m ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار. \m \v 30 ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ \m دانا كىشى كۆڭۈللەرنى \add ھاياتلىققا\add* مايىل قىلار.\f □ \fr 11:30 \ft \+bd «ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھاياتلىق دەرىخى» دېگەنلىك، «ئېرەن باغچىسى»دىكى ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەييارلانغان دەرەخنى كۆرسىتىدۇ (3-باب 18-ئايەتنى كۆرۈڭ). \+bd «... ھاياتلىققا مايىل قىلار»\+bd* ــ ئەينى تېكىستتە «ھاياتلىق» دېگەن سۆز يوق. لېكىن ھەققانىيلىق يولىدا خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى خۇدانىڭ يولىغا جەلپ قىلىدۇ؛ شۇڭا تولۇق مەنىسى: «كىم دانا بولسا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى نىجات يولىغا باشلايدۇ» دەپ قارايمىز. مۇشۇ ئايەتنى «لۇقا» 10:5 بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.\f* \m \v 31 قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا \add سەۋەنلىكى ئۈچۈن\add* بەدەل تۆلىگەن يەردە، \m رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟\f □ \fr 11:31 \ft \+bd «قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم ... بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئىنجىل، «1پېت.» 18:4دە نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 11:31 \xt 1پېت. 4‏:17،18\x* \b \b \m \c 12 \m \v 1 كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛ \m لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان-ھاماقەتتۇر. \m \v 2 ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ \m ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر. \m \v 3 ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ \m لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس.\x + \xo 12:3 \xt پەند. 10‏:25\x* \m \v 4 پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ \m ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.\x + \xo 12:4 \xt 1كور. 11‏:7\x* \m \v 5 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ \m يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر.\f □ \fr 12:5 \ft \+bd «...ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار»\+bd* ــ ياكى: «...ئوي-پىكرى دۇرۇستۇر».\f* \m \v 6 يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ \m لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار.\x + \xo 12:6 \xt پەند. 1‏:11،18؛ 11‏:9\x* \m \v 7 يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛ \m لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەجىمىسى: «يامانلار ئاغدۇرۇلغاندا، يوقىلار».\f*  \x + \xo 12:7 \xt زەب. 37‏:36-40؛ پەند. 11‏:21\x* \m \v 8 ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ \m ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس. \m \v 9 پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى، \m ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر.\x + \xo 12:9 \xt پەند. 13‏:7\x* \m \v 10 ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ \m ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر.\x + \xo 12:10 \xt قان. 25‏:4\x* \m \v 11 تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ \m ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر.\x + \xo 12:11 \xt پەند. 28‏:19\x* \m \v 12 يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ \m ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار. \m \v 13 يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ \m ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار»\+bd* ــ ياكى «ئېغىزدىكى ئىتائەتسىزلىكتىن رەزىل بىر تۇزاق چىقار».\f*  \x + \xo 12:13 \xt پەند. 10‏:14؛ 18‏:7\x* \m \v 14 ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ \m ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار.\x + \xo 12:14 \xt پەند. 13‏:2\x* \m \v 15 ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ \m ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر.\x + \xo 12:15 \xt پەند. 3‏:7\x* \m \v 16 ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ \m زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس.\f □ \fr 12:16 \ft \+bd «... ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىككى ئىبارە «ئىككى بىسلىق» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەنگەن.\f* \m \v 17 ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ \m يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر.\x + \xo 12:17 \xt پەند. 14‏:5\x* \m \v 18 بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ \m بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر.\x + \xo 12:18 \xt زەب. 57‏:4؛ 59‏:7؛ پەند. 16‏:27\x* \m \v 19 راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ \m لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر.\f □ \fr 12:19 \ft \+bd «راستچىل»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەقىقەتنىڭ لېۋى». \+bd «لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغانچى تىل بولسا بىردەملىكتۇر».\f* \m \v 20 يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛ \m ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر. \m \v 21 ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ \m قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر. \m \v 22 يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار. \m \v 23 پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ \m بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار.\x + \xo 12:23 \xt پەند. 13‏:16؛ 15‏:2\x* \m \v 24 تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛ \m ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار.\x + \xo 12:24 \xt پەند. 10‏:4\x* \m \v 25 كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ \m لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار.\x + \xo 12:25 \xt پەند. 15‏:13\x* \m \v 26 ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ \m بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار.\f □ \fr 12:26 \ft \+bd «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر»\+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تەكشۈرەر»، «ھەققانىي كىشى دوست تۇتۇشتا سەگەك بولار» ياكى «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستىغا يول كۆرسىتەر».\f* \m \v 27 ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ \m بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر.\f □ \fr 12:27 \ft \+bd «بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق تىرىشچان كىشى ئۆز تەئەللۇقاتىنى ئەتىۋارلايدۇ».\f* \m \v 28 ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھايات تېپىلار؛ \m شۇ يولدا ئۆلۈم كۆرۈنمەستۇر. \b \b \m \c 13 \m \v 1 دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ \m مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس. \m \v 2 ئادەم دۇرۇس ئېغىزىنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنار؛ \m تۇزكورلار زوراۋانلىققا ھەۋەس قىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچرار.\x + \xo 13:2 \xt پەند. 12‏:14\x* \m \v 3 سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ \m ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار. \m \v 4 ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ \m لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر. \m \v 5 ھەققانىي ئادەم يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر؛ \m قەبىھ بولسا سېسىپ، شەرمەندە بولار. \m \v 6 يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ \m لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار.\x + \xo 13:6 \xt پەند. 10‏:29؛ 11‏:3، 5، 6\x* \m \v 7 بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ \m بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر.\x + \xo 13:7 \xt پەند. 12‏:9\x* \m \v 8 ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ \m بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس. \m \v 9 ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ \m بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.\x + \xo 13:9 \xt ئايۇپ 18‏:5، 6؛ 21‏:17؛ پەند. 4‏:18\x* \m \v 10 كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ \m دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر. \m \v 11 ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ \m تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.\x + \xo 13:11 \xt پەند. 10‏:2؛ 20‏:21\x* \m \v 12 تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، \m لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر.\f □ \fr 13:12 \ft \+bd «ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ «ئېرەن باغچىسى»دىكى، ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمان بولۇشىغا تەييارلانغان دەرەخنى كۆرسىتىدۇ (18:3نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 13:12 \xt پەند. 13‏:19\x* \m \v 13 \add خۇدانىڭ\add* كالام-سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ \m لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر. \m \v 14 ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، \m ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار.\x + \xo 13:14 \xt پەند. 10‏:11؛ 14‏:27\x* \m \v 15 ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ \m بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار. \m \v 16 پەم-پاراسەتلىك ئادەم بىلىمى بىلەن ئىش كۆرەر؛ \m ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.\x + \xo 13:16 \xt پەند. 12‏:23؛ 15‏:2\x* \m \v 17 رەزىل ئالاقىچى بالا-قازاغا ئۇچرار؛ \m سادىق ئەلچى بولسا دەردكە دەرماندۇر. \m \v 18 تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ \m ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر. \m \v 19 ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ \m لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر. \m \v 20 ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ \m بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە-پەريادتا قالار.\f □ \fr 13:20 \ft \+bd «...نالە-پەريادتا قالار»\+bd* ــ ياكى «...زىيان تارتار».\f* \m \v 21 بالايىقازا گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بېسىپ ماڭار؛ \m لېكىن ھەققانىيلار ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى تاپار. \m \v 22 ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ \m گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال-دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار.\x + \xo 13:22 \xt ئايۇپ 15‏:29؛ 27‏:17\x* \m \v 23 يوقسۇلنىڭ تاشلاندۇق يېرى مول ھوسۇل بېرەر، \m لېكىن ئادالەتسىزلىكتىن ئۇ ۋەيران بولار.\x + \xo 13:23 \xt پەند. 12‏:11؛ 18‏:9\x* \m \v 24 تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ \m بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار.\x + \xo 13:24 \xt پەند. 23‏:13\x* \m \v 25 ھەققانىي ئادەم كۆڭلى قانائەت تاپقۇچە ئوزۇق يەر؛ \m ياماننىڭ قورسىقى ئاچ قالار. \b \b \m \c 14 \m \v 1 ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ \m ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار.\f □ \fr 14:1 \ft \+bd «...ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئۆز ئائىلىسىنى قۇرار».\f* \m \v 2 دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن قورقار؛ \m قىڭغىر يولدا ماڭغان كىشى \add خۇدانى\add* كۆزگە ئىلماس.\x + \xo 14:2 \xt ئايۇپ 12‏:4\x* \m \v 3 ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ \m ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار. \m \v 4 ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار؛ \m بىراق ئۆكۈزنىڭ كۈچى بولغاندىلا \add ساڭغا\add* ئاشلىق تولار.\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار...»\+bd* ــ ئېغىلنىڭ سېسىقلىقى تۈپەيلىدىن ئېغىلدىكى ئۇلاغلارنى چىقىرىۋېتىش تولىمۇ ئەخمەقانىلىك، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 5 ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ \m ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.\x + \xo 14:5 \xt مىس. 23‏:1؛ پەند. 12‏:17\x* \m \v 6 ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ \m بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر.\f □ \fr 14:6 \ft \+bd «ھاكاۋۇرلار»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار».\f* \m \v 7 بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، \m ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت. \m \v 8 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ \m ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر. \m \v 9 ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ، \m ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار.\f □ \fr 14:9 \ft \+bd «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بىرسى باشقىلارغا گۇناھ قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، خۇدادىن كەچۈرۈم ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال زىيان تارتقۇچىغا شۇ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ھەسسە تۆلەم بېرىپ، ئاندىن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى («ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى) ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ بېرىشى كېرەك ئىدى. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئەخمەقلەر ئىتائەتسىزلىكىگە نىسبەتەن يېنىكلىك بىلەن كۈلۈپ قويىدۇ».\f* \m \v 10 كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛ \m كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس. \m \v 11 ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛ \m ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر. \m \v 12 ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، \m لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.\x + \xo 14:12 \xt پەند. 16‏:25\x* \m \v 13 ئويۇن-كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم-قايغۇنى ياپار، \m خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم-قايغۇ يەنىلا قالار.\x + \xo 14:13 \xt پەند. 5‏:4\x* \m \v 14 توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ \m ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر.\x + \xo 14:14 \xt پەند. 1‏:31\x* \m \v 15 ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛ \m لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار. \m \v 16 دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ \m ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار.\f □ \fr 14:16 \ft \+bd «ئاۋارىچىلىكتىن»\+bd* ــ ياكى «يامانلىقتىن».\f* \m \v 17 تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ \m نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار. \m \v 18 ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ \m پەم-پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار. \m \v 19 يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ \m قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا \add باش ئۇرار\add*. \m \v 20 نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. \m باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.\x + \xo 14:20 \xt پەند. 19‏:4، 7\x* \m \v 21 يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ \m لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار. \m \v 22 يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ \m بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.\x + \xo 14:22 \xt لۇقا 6‏:38\x* \m \v 23 ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ \m بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار. \m \v 24 ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ \m ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار. \m \v 25 ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ \m يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان \add گۇۋاھچى\add* يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. \m \v 26 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار، \m ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار. \m \v 27 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ \m ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار.\f □ \fr 14:27 \ft \+bd «ھاياتنىڭ بۇلىقى»\+bd* ــ 14:13نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:27 \xt پەند. 10‏:11؛ 13‏:14\x* \m \v 28 پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛ \m پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر. \m \v 29 ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛ \m چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار. \m \v 30 خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛ \m ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار. \m \v 31 مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ \m ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.\x + \xo 14:31 \xt پەند. 14‏:21؛ 17‏:5\x* \m \v 32 يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ \m ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار.\f □ \fr 14:32 \ft \+bd «يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ... خاتىرجەم بولار»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «كۈلپەت كەلگەندە، يامان ئادەم ھەيدىۋېتىلىدۇ؛ بىراق ھەققانىي ئادەم سەكراتتا ياتقاندىمۇ پاناھلىق بولار».\f* \m \v 33 يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛ \m بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس.\x + \xo 14:33 \xt پەند. 10‏:14؛ 12‏:23؛ 13‏:16\x* \m \v 34 ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛ \m گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار. \m \v 35 پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ \m بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر.\f □ \fr 14:35 \ft \+bd «نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكار...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نومۇستا قالدۇرغۇچى» ۋە «ئۇياتسىز» دېگەن ئىككى ئىبارە بىرلا ئىككى بىسلىق سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f* \b \b \m \c 15 \m \v 1 مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ \m قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار.\x + \xo 15:1 \xt پەند. 25‏:15\x* \m \v 2 ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ \m ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر.\x + \xo 15:2 \xt پەند. 12‏:23؛ 13‏:16؛ 15‏:28\x* \m \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ \m ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار.\f □ \fr 15:3 \ft \+bd «ياخشى-يامانلار...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان-ياخشىلار» دېگەنلىك بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 15:3 \xt ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19\x* \m \v 4 شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ \m تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار.\f □ \fr 15:4 \ft \+bd «شىپا يەتكۈزگۈچى تىل»\+bd* ــ ياكى «مېھرىبان تىل». \+bd «ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ 18:3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:4 \xt پەند. 12‏:18؛ 13‏:14\x* \m \v 5 ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ \m لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار. \m \v 6 ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ \m بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار. \m \v 7 دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ \m ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس. \m \v 8 يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.\x + \xo 15:8 \xt پەند. 21‏:27؛ يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21\x* \m \v 9 يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر. \m \v 10 توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛ \m تەنبىھگە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر. \m \v 11 تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، \m ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟!\f □ \fr 15:11 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 15:11 \xt 2تار. 6‏:30؛ زەب. 7‏:9؛ 44‏:20-21؛ يەر. 17‏:9، 10؛ يـۇھ. 2‏:24 ،25؛ 21‏:17؛ روس. 1‏:24\x* \m \v 12 ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ \m ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس.\f □ \fr 15:12 \ft \+bd «ھاكاۋۇر»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچى».\f* \m \v 13 كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ \m دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار.\x + \xo 15:13 \xt پەند. 17‏:22؛ 18‏:14\x* \m \v 14 يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ \m ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار. \m \v 15 ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ \m بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر. \m \v 16 زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، \m ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل.\x + \xo 15:16 \xt زەب. 37‏:16؛ پەند. 16‏:8\x* \m \v 17 نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، \m مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل.\x + \xo 15:17 \xt پەند. 17‏:1\x* \m \v 18 تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ \m ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.\x + \xo 15:18 \xt پەند. 28‏:25؛ 29‏:22\x* \m \v 19 ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، \m دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر. \m \v 20 دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ \m ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر.\x + \xo 15:20 \xt پەند. 10‏:1\x* \m \v 21 ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛ \m يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار.\x + \xo 15:21 \xt پەند. 10‏:23؛ 14‏:9\x* \m \v 22 مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛ \m مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.\x + \xo 15:22 \xt پەند. 11‏:14\x* \m \v 23 كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، \m دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر! \m \v 24 ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، \m ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار.\f □ \fr 15:24 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاينى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 25 پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ \m بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار.\x + \xo 15:25 \xt پەند. 2‏:21،22؛ 12‏:7؛ 14‏:11\x* \m \v 26 يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر.\f □ \fr 15:26 \ft \+bd «ئوي-پىكرى»\+bd* ــ ياكى «پىلانلىرى».\f*  \x + \xo 15:26 \xt پەند. 6‏:18\x* \m \v 27 ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ \m پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر.\x + \xo 15:27 \xt پەند. 1‏:19\x* \m \v 28 ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ \m يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر. \m \v 29 پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ \m بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار.\x + \xo 15:29 \xt زەب. 10‏:17؛ 34‏:15-19؛ 145‏:18، 19\x* \m \v 30 خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ \m خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار.\x + \xo 15:30 \xt پەند. 25‏:25\x* \m \v 31 ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار. \m \v 32 تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ \m تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار. \m \v 33 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛ \m ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر.\x + \xo 15:33 \xt پەند. 1‏:7؛ 9‏:10؛ 18‏:12\x* \b \b \m \c 16 \m \v 1 كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ \m بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.\x + \xo 16:1 \xt پەند. 16‏:1؛ 19‏:21؛ 20‏:24؛ يەر. 10‏:23\x* \m \v 2 ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛ \m لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.\f □ \fr 16:2 \ft \+bd «قەلبدىكى نىيەتلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «(ئادەملەرنىڭ) روھلىرى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 16:2 \xt پەند. 21‏:2\x* \m \v 3 نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، \m شۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار.\x + \xo 16:3 \xt زەب. 37‏:5؛ 55‏:22؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1پېت. 5‏:7\x* \m \v 4 پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەربىرىنى مەلۇم مەقسەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان؛ \m ھەتتا يامانلارنىمۇ بالايىئاپەت كۈنى ئۈچۈن ياراتقاندۇر.\x + \xo 16:4 \xt ئايۇپ 21‏:30\x* \m \v 5 تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس.\f □ \fr 16:5 \ft \+bd «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇبھىسىزكى،...».\f*  \x + \xo 16:5 \xt پەند. 6‏:17؛ 8‏:13؛ 11‏:21\x* \m \v 6 مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ \m پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.\f □ \fr 16:6 \ft \+bd «...گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار»\+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە، گۇناھلار قۇربانلىقلار ئارقىلىق «\+bd يېپىلىپ\+bd* كەچۈرۈم قىلىندى» (يەنى، «كافارەت قىلىندى»). ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندىلا، گۇناھلار «ئېلىپ تاشلاندى» (مەسىلەن، «يۇھ.» 29:1).\f* \m \v 7 ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا، \m ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار. \m \v 8 ھالال ئالغان ئاز، \m ھارام ئالغان كۆپتىن ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 16:8 \xt زەب. 37‏:16؛ پەند. 15‏:16\x* \m \v 9 ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ \m ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر. \m \v 10 ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، \m ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس.\f □ \fr 16:10 \ft \+bd «ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، *ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس»\+bd* ــ يەنە ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «پادىشاھنىڭ لەۋلىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيى بولسا، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس»؛ (2) «پادىشاھنىڭ لەۋلىرى ۋەھىيگە قاراپ سۆزلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەسلىكى كېرەك».\f* \m \v 11 ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛ \m تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر.\x + \xo 16:11 \xt لاۋ. 19‏:36؛ قان. 25‏:13-16؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:10،23\x* \m \v 12 پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر، \m چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار. \m \v 13 ھەققانىي سۆزلىگەن لەۋلەر پادىشاھلارنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ \m ئۇلار دۇرۇس سۆزلىگۈچىلەرنى ياخشى كۆرەر. \m \v 14 پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ \m بىراق دانا كىشى \add ئۇنىڭ غەزىپىنى\add* تىنچلاندۇرار.\x + \xo 16:14 \xt پەند. 19‏:12؛ 20‏:2\x* \m \v 15 پادىشاھنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى كىشىگە جان كىرگۈزەر؛ \m ئۇنىڭ شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر.\f □ \fr 16:15 \ft \+bd «ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) شەپقىتى «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ئەپكەلگەن بۇلۇتتۇر». «كېيىنكى يامغۇرلار» ئىسرائىلدا 3-ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇشتەك ھالقىلىق رولنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ.\f*  \x + \xo 16:15 \xt پەند. 19‏:12\x* \m \v 16 دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ \m يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!\x + \xo 16:16 \xt ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ 119‏:72؛ پەند. 3‏:14،15؛ 8‏:11،19\x* \m \v 17 دۇرۇس ئادەمنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يولى يامانلىقتىن ئايرىلىشتۇر؛ \m ئۆز يولىغا ئېھتىيات قىلغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار. \m \v 18 مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر، \m تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر.\x + \xo 16:18 \xt پەند. 11‏:2؛ 17‏:19\x* \m \v 19 كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش، \m تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر. \m \v 20 كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار؛ \m پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، بەخت-سائادەت كۆرەر.\f □ \fr 16:20 \ft \+bd «كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار»\+bd* ــ ياكى «نەسىھەت سۆزىگە كۆڭۈل قويغان پايدا تاپار».\f*  \x + \xo 16:20 \xt زەب. 2‏:12؛ 34‏:8-9؛ 125‏:1؛ يەش. 30‏:18؛ يەر. 17‏:7\x* \m \v 21 كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛ \m يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار. \m \v 22 پەم-پاراسەت ئۆزىگە ئىگە بولغانلارغا ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر؛ \m ئەقىلسىزلەرگە تەلىم بەرمەكنىڭ ئۆزى ئەقىلسىزلىكتۇر.\x + \xo 16:22 \xt پەند. 13‏:14\x* \m \v 23 ئاقىلانە كىشىنىڭ قەلبى ئاغزىدىن ئەقىل چىقىرار؛ \m ئۇنىڭ لەۋزىگە بىلىمنى زىيادە قىلار. \m \v 24 يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛ \m كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر. \m \v 25 ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، \m لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.\x + \xo 16:25 \xt پەند. 14‏:12\x* \m \v 26 ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛ \m ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار.\f □ \fr 16:26 \ft \+bd «ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئاغزى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار».\f* \m \v 27 مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ \m ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.\f □ \fr 16:27 \ft \+bd «مۇتتەھەم كىشى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس» دېگەنلىك بولۇپ، بەلكىم ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 16:27 \xt پەند. 12‏:18\x* \m \v 28 ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛ \m غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر.\x + \xo 16:28 \xt پەند. 15‏:18؛ 26‏:21؛ 29‏:22\x* \m \v 29 زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛ \m ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر.\f □ \fr 16:29 \ft \+bd «ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنى ياخشى ئەمەس بىر يولغا باشلاپ كىرەر».\f* \m \v 30 كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛ \m لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر.\f □ \fr 16:30 \ft \+bd «كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى»\+bd* ــ ياكى «كۆز قىسقۇچى كىشى»، «كۆزىنى چىمىلداتقۇچى ئادەم».\f*  \x + \xo 16:30 \xt پەند. 6‏:13،14\x* \m \v 31 ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، \m ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر.\f □ \fr 16:31 \ft \+bd «ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر»\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاق چاچ بولسا ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر؛ ئۇ ھەققانىيەت يولىدا پەيدا بولىدۇ».\f* \m \v 32 ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛ \m ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر.\f □ \fr 16:32 \ft \+bd «ئۆزىنى تۇتۇۋالغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلىدىغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 33 چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، \m لېكىن نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگاردىندۇر. \b \b \m \c 17 \m \v 1 قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن، \m بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل.\f □ \fr 17:1 \ft \+bd «قۇربانلىق گۆشلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىيلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ سويغان بەزى قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ يېيىشكە بولاتتى.\f*  \x + \xo 17:1 \xt پەند. 15‏:17\x* \m \v 2 خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ \m كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار. \m \v 3 ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، \m بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.\x + \xo 17:3 \xt پەند. 27‏:21؛ يەر. 17‏:10\x* \m \v 4 قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ \m يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار. \m \v 5 مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ \m باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس.\x + \xo 17:5 \xt پەند. 14‏:31\x* \m \v 6 قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ \m پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر. \m \v 7 ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ \m مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس. \m \v 8 پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ \m گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك.\f □ \fr 17:8 \ft \+bd «پارا ــ ...گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك»\+bd* ــ بۇ ئايەت ھەجۋىي، كىنايىلىك سۆز بولۇپ، ئومۇمىي ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ ئىشنى تەرىپلىمەيدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بۇنى نەگىلا ئىشلەتسەم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمەن، دەيدۇ».\f* \m \v 9 باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ \m كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار. \m \v 10 ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ، \m ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر. \m \v 11 يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛ \m ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر. \m \v 12 ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، \m بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى. \m \v 13 كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، \m ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس.\x + \xo 17:13 \xt قان. 32‏:35؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9\x* \m \v 14 جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ \m شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن.\x + \xo 17:14 \xt پەند. 20‏:3\x* \m \v 15 ياماننى ئاقلىغان، \m ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، \m ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.\x + \xo 17:15 \xt مىس. 23‏:7؛ پەند. 24‏:24؛ يەش. 5‏:23\x* \m \v 16 ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا، \m قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟\f □ \fr 17:16 \ft \+bd «ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەقمەقنىڭ ھېچ كۆڭلى يوق تۇرسا،...»\f* \m \v 17 \add ھەقىقىي\add* دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، \m \add ھەقىقىي\add* قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر. \m \v 18 ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ، \m يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ. \m \v 19 جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ \m بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر.\f □ \fr 17:19 \ft \+bd «بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان (كىشى)»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىسىنى ئېگىز قىلغان (كىشى)». بۇنداق ئادەم بەلكىم ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 17:19 \xt پەند. 16‏:18\x* \m \v 20 نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ \m تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار. \m \v 21 بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ \m ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس. \m \v 22 شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ \m سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار.\x + \xo 17:22 \xt پەند. 15‏:13\x* \m \v 23 چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ \m ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار.\f □ \fr 17:23 \ft \+bd «چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چىرىك ئادەم باغرىدا پارىنى قوبۇل قىلار...» ياكى «چىرىك ئادەم باغىردىن پارىنى ئالار...».\f* \m \v 24 دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛ \m بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر.\x + \xo 17:24 \xt توپ. 2‏:14؛ 8‏:1\x* \m \v 25 گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ \m ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار.\x + \xo 17:25 \xt پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 19‏:13\x* \m \v 26 ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛ \m ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس.\f □ \fr 17:26 \ft \+bd «جەرىمانە قويۇش»\+bd* ــ «جەرىمانە قويۇش»نىڭ «جازالاش» دېگەن ئومۇمىي مەنىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. \+bd «ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا ياخشى ئەمەس».\f* \m \v 27 بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ \m يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار.\f □ \fr 17:27 \ft \+bd «قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سالقىن روھى بار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 28 ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛ \m تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار. \b \b \m \c 18 \m \v 1 كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛ \m ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار. \m \v 2 ئەخمەق يورۇتۇلۇشقا قىزىقماس؛ \m قىزىقىدىغىنى پەقەت ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرسىتىشلا، خالاس. \m \v 3 يامان كىشى كەلسە، نەپرەتمۇ پەيدا بولار؛ \m نومۇسسىز ئىش ئىزا-ئاھانەتتىن ئايرىلماس.\f □ \fr 18:3 \ft \+bd «نەپرەتمۇ پەيدا بولار»\+bd* ــ ياكى «پەسلىكمۇ پەيدا بولار».\f* \m \v 4 ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار؛ \m دانالىق بۇلىقى ئېرىق سۈيىدەك ئۆركەشلەپ ئاقار. \m \v 5 يامانغا يان بېسىشقا، \m سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس.\f □ \fr 18:5 \ft \+bd «قەتئىي بولماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».\f*  \x + \xo 18:5 \xt لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17؛ 16‏:19؛ پەند. 24‏:23\x* \m \v 6 ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ \m ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار. \m \v 7 ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ \m ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.\x + \xo 18:7 \xt پەند. 10‏:14؛ 12‏:13؛ 13‏:3\x* \m \v 8 غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، \m كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.\f □ \fr 18:8 \ft \+bd «كىشىنىڭ قەلبىگە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قورسىقىنىڭ ئىچكى يەرلىرىگە...».\f*  \x + \xo 18:8 \xt پەند. 26‏:22\x* \m \v 9 ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ، \m بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ.\f □ \fr 18:9 \ft \+bd «كىشىمۇ...»\+bd* ــ \+bd ...مۇ\+bd* ــ دېمەك، هۇرۇن ئادەم عەيۋەتخورغا ئوخشاش بۇزغۇنچىدۇر.\f* \m \v 10 پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ \m ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار.\x + \xo 18:10 \xt ھاك.9‏:51؛ 2سام. 22‏:51؛ زەب. 18‏:1-3؛ 61‏:3-4؛ پەند. 29‏:25\x* \m \v 11 باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛ \m نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار.\x + \xo 18:11 \xt پەند. 10‏:15\x* \m \v 12 بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛ \m ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر.\x + \xo 18:12 \xt پەند. 11‏:2؛ 15‏:33؛ 16‏:18\x* \m \v 13 سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن، \m ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر. \m \v 14 تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ \m بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟ \m \v 15 يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە، \m ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە. \m \v 16 سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ \m ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر. \m \v 17 دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛ \m لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر.\x + \xo 18:17 \xt پەند. 25‏:8\x* \m \v 18 چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛ \m غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار. \m \v 19 رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛ \m جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر. \m \v 20 ئادەم \add دۇرۇس\add* سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛ \m ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار.\f □ \fr 18:20 \ft \+bd «ئادەم دۇرۇس سۆزلىگەنلىكىدىن .. مول ھوسۇل ئالار»\+bd* ــ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن ئادەمنىڭ قورسىقى توق بولار؛ لەۋلىرىنىڭ ھوسۇلىدىن قانائەتلىنەر» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 18:20 \xt پەند. 12‏:14؛ 13‏:2\x* \m \v 21 ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ \m كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر.\f □ \fr 18:21 \ft \+bd «كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر»\+bd* ــ ياكى «كىمكى ئۆز سۆزلىرىگە ئامراق بولسا، شۇ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يەر».\f*  \x + \xo 18:21 \xt پەند. 21‏:23؛ ياق. 3‏:2\x* \m \v 22 خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، \m ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.\x + \xo 18:22 \xt پەند. 19‏:14\x* \m \v 23 مىسكىنلەر پەس ئاۋازدا يېلىنىپ سۆزلەر؛ \m باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر. \m \v 24 دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ \m لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر.\x + \xo 18:24 \xt پەند. 17‏:17\x* \b \b \m \c 19 \m \v 1 پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، \m ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر.\x + \xo 19:1 \xt پەند. 28‏:6\x* \m \v 2 يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ \m ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار.\f □ \fr 19:2 \ft \+bd «بولماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس». \+bd «ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاياغلىرىنى ئالدىراتقۇچى كىشى خاتا قەدەم باسار».\f* \m \v 3 كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ \m شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار.\x + \xo 19:3 \xt ياق. 1‏:13،14،15\x* \m \v 4 بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ \m مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار.\x + \xo 19:4 \xt پەند. 14‏:20\x* \m \v 5 يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ \m يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.\f □ \fr 19:5 \ft \+bd «يالغان ئېيتقۇچى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى....»\f*  \x + \xo 19:5 \xt قان. 19‏:19؛ پەند. 21‏:28\x* \m \v 6 تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ \m سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر.\f □ \fr 19:6 \ft \+bd «تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر...»\+bd* ــ ياكى «تولا ئادەم ئەمىردىن ئىلتىپات كۆزلەر...».\f* \m \v 7 نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ \m ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ \m يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس.\x + \xo 19:7 \xt پەند. 14‏:20\x* \m \v 8 پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ \m نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار. \m \v 9 يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ \m يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.\f □ \fr 19:9 \ft \+bd «يالغان ئېيتقۇچى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى...».\f* \m \v 10 ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ \m قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.\x + \xo 19:10 \xt پەند. 30‏:22\x* \m \v 11 دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ \m خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر. \m \v 12 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ \m ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.\x + \xo 19:12 \xt پەند. 16‏:14،15؛ 20‏:2\x* \m \v 13 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ \m ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر.\x + \xo 19:13 \xt پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 17‏:25؛ 21‏:19؛ 27‏:15\x* \m \v 14 ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ \m بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.\x + \xo 19:14 \xt پەند. 18‏:22\x* \m \v 15 ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ \m بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.\x + \xo 19:15 \xt پەند. 6‏:9؛ 10‏:4؛ 20‏:13\x* \m \v 16 \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ \m ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر.\f □ \fr 19:16 \ft \+bd «ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ (دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ) يوللىرىنى كەمسىتكەن كىشى ئۆلەر».\f*  \x + \xo 19:16 \xt پەند. 3‏:21،22؛ لۇقا 11‏:28\x* \m \v 17 كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، \m پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ \m ئۇنىڭ شەپقىتىنى \add پەرۋەردىگار\add* قايتۇرار. \m \v 18 پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، \m ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ \m لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما.\f □ \fr 19:18 \ft \+bd «لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «....بىراق ئۇنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سالما».\f*  \x + \xo 19:18 \xt پەند. 13‏:24؛ 23‏:13؛ ئ‍ەف. 6‏:4\x* \m \v 19 قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ \m ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك. \m \v 20 نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، \m ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن. \m \v 21 كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ \m ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار.\x + \xo 19:21 \xt ئايۇپ 23‏:13؛ زەب. 33‏:11؛ 115‏:3؛ يەش. 46‏:10\x* \m \v 22 كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ \m مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر. \m \v 23 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ \m ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار.\x + \xo 19:23 \xt زەب. 34‏:9-10\x* \m \v 24 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، \m غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار.\x + \xo 19:24 \xt پەند. 26‏:15\x* \m \v 25 ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ \m يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، \m ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار.\x + \xo 19:25 \xt پەند. 21‏:11\x* \m \v 26 ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، \m ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، \m رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر. \m \v 27 ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ، \m ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر.\f □ \fr 19:27 \ft \+bd «ئى ئوغۇل، ... ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى ئوغلۇم، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن ئۆزۈڭنى تارت!».\f* \m \v 28 پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ \m يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار.\f □ \fr 19:28 \ft \+bd «پەسكەش گۇۋاھچى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) گۇۋاھچىسى».\f* \m \v 29 ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، \m ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر.\f □ \fr 19:29 \ft \+bd «ھاكاۋۇرلار»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار».\f* \b \b \m \c 20 \m \v 1 شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، \m ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ \m كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر. \m \v 2 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ \m ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر.\f □ \fr 20:2 \ft \+bd «... ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۆز جېنىغا گۇناھ قىلغان بولىدۇ».\f*  \x + \xo 20:2 \xt پەند. 16‏:14؛ 19‏:12\x* \m \v 3 ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ \m بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس.\x + \xo 20:3 \xt پەند. 17‏:14\x* \m \v 4 ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ \m يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر. \f □ \fr 20:4 \ft \+bd «ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس»\+bd* ــ پەلەستىندە بىر يىل ئالتە پەسىلگە بۆلىنىدۇ. ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ئاي «قىش پەسلى» ھېسابلىنىدۇ. «قىش» پەسلى يەر ھەيدىلىدىغان پەسىل، چۈنكى بۇ پەسىلدە يامغۇر يېغىپ تۇپراق يۇمشاق بولىدۇ.\f* \m \v 5 كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ \m يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ.\f □ \fr 20:5 \ft \+bd «كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى ... يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ»\+bd* ــ بۇ پەند-نەسىھەتكە قارىتا ئالىملاردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل چۈشەنچە بار: (1) ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئوي-نىيەتلەر باردۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى بۇ ئوي-نىيەتلەرنى (ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن) ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. (2) يورۇتۇلغان كىشى دانىشمەن ھەم ئاز سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ ياخشى ئوي-پىكىرلىرىنى، ياخشى نەسىھەتلىرىنى ئالالايدۇ. (3) يورۇتۇلغان كىشى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى بىلەلەيدۇ. (4) بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنى «ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدە خۇدادىن كەلگەن دالالەت (يوليورۇق، ھىدايەت) باردۇر؛ ئۇ چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشايدۇ؛ ...» دەپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى: «خۇدادىن كەلگەن شۇ «دالالەت» ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بولغان بولىدۇ، يورۇتۇلغان كىشى بۇ دالالەتنى جاكارلاپ باشقىلارنى يورۇتالايدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. \fp \fp بىزنىڭچە بىرىنچى خىل چۈشەنچىنى توغرا دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 20:5 \xt پەند. 18‏:4\x* \m \v 6 ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ \m بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟ \m \v 7 ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ \m ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار! \m \v 8 پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، \m ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ.\x + \xo 20:8 \xt پەند. 20‏:26\x* \m \v 9 كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، \m ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟\x + \xo 20:9 \xt 1پاد. 8‏:46؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 51‏:5-7؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8\x* \m \v 10 ئىككى خىل تارازا تېشى، \m ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، \m ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.\x + \xo 20:10 \xt قان. 25‏:13؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:23\x* \m \v 11 ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ \m ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار. \m \v 12 كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، \m ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى.\x + \xo 20:12 \xt مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9\x* \m \v 13 ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ \m كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار.\x + \xo 20:13 \xt پەند. 19‏:15\x* \m \v 14 خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ \m ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن \add «ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ\add* ماختىنىدۇ. \m \v 15 ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ \m بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر!\x + \xo 20:15 \xt پەند. 3‏:14،15\x* \m \v 16 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ \m يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.\x + \xo 20:16 \xt پەند. 11‏:15؛ 27‏:13\x* \m \v 17 ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ \m كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار.\x + \xo 20:17 \xt پەند. 9‏:17\x* \m \v 18 پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ \m پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن. \m \v 19 گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ \m شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما.\x + \xo 20:19 \xt پەند. 11‏:13\x* \m \v 20 كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، \m ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر!\x + \xo 20:20 \xt مىس. 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 27‏:16؛ مات. 15‏:4\x* \m \v 21 تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.\x + \xo 20:21 \xt پەند. 13‏:11؛ 28‏:20\x* \m \v 22 يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ \m پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر.\x + \xo 20:22 \xt قان. 32‏:35؛ پەند. 17‏:13؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9\x* \m \v 23 ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس.\f □ \fr 20:23 \ft \+bd «قەتئىي يارىماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».\f*  \x + \xo 20:23 \xt پەند. 20‏:10\x* \m \v 24 ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ \m ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟\x + \xo 20:24 \xt ئايۇپ 31‏:4؛ زەب. 37‏:23؛ 139‏:1-3؛ يەر. 10‏:23\x* \m \v 25 بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «\add خۇداغا\add* ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، \m قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، \m ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر. \m \v 26 دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، \m خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر. \m \v 27 ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، \m ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر. \m \v 28 مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ \m ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ. \m \v 29 ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ \m قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر.\x + \xo 20:29 \xt پەند. 16‏:31\x* \m \v 30 تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، \m تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار.\x + \xo 20:30 \xt پەند. 10‏:13\x* \b \b \m \c 21 \m \v 1 پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ \m \add پەرۋەردىگار\add* قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ. \m \v 2 ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىلەر؛ \m لېكىن پەرۋەردىگار قەلبدىكى نىيەتلەرنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.\f □ \fr 21:2 \ft \+bd «قەلبدىكى نىيەتلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبلەر» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 21:2 \xt پەند. 16‏:2\x* \m \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، \m ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 21:3 \xt 1سام. 15‏:22؛ زەب. 50‏:8-14؛ يەش. 1‏:11، 16؛ ھوش. 6‏:6\x* \m \v 4 تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر.\f □ \fr 21:4 \ft \+bd «يامانلارنىڭ چىرىغى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «چىراغ» بەلكىم ئادەمنىڭ روھىنى، يەنى ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىنى كۆرسىتىدۇ (27:20-ئايەتنى كۆرۈڭ). باشۈا بىرخىل تەرجىمىسى «يامانلارنىڭ هوسۇلى».\f* \m \v 5 ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ \m چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر.\x + \xo 21:5 \xt پەند. 10‏:4؛ 13‏:4\x* \m \v 6 ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، \m ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس.\x + \xo 21:6 \xt پەند. 10‏:2، 4؛ 13‏:11\x* \m \v 7 يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ \m چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان. \m \v 8 جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ \m ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر. \m \v 9 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن \add ئازادە\add* ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، \m ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا \add يالغۇز\add* يېتىپ قوپقان ياخشى.\f □ \fr 21:9 \ft \+bd «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،...»\+bd* ــ ياكى «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كۆرە،...».\f*  \x + \xo 21:9 \xt پەند. 21‏:19؛ 25‏:24؛ 27‏:15\x* \m \v 10 يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ \m ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس. \m \v 11 ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ \m دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار.\f □ \fr 21:11 \ft \+bd «ھاكاۋۇرنىڭ...»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ...».\f*  \x + \xo 21:11 \xt پەند. 19‏:25\x* \m \v 12 ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ \m ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار.\f □ \fr 21:12 \ft \+bd «ھەققانىي بولغۇچى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ «ھەققانىي بولغۇچى» خۇدا ئۆزىدۇر.\f* \m \v 13 مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، \m ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، \m بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس. \m \v 14 يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ \m يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر.\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «يەڭ ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «باغىر ئىچىدە». \+bd «يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار... قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ خىل پەند-نەسىھەت بۇنداق ئىشلارنى تەرىپلىمەيدۇ، پەقەت ئومۇمىي ئەھۋالنى تەسۋىرلەيدۇ، خالاس.\f*  \x + \xo 21:14 \xt پەند. 17‏:8؛ 18‏:16\x* \m \v 15 ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، \m بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر. \m \v 16 ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، \m ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار.\f □ \fr 21:16 \ft \+bd «ئەرۋاھلار»\+bd* ــ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 17 تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ \m ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس. \m \v 18 يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ \m \add ئېزىلگەن\add* دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار.\x + \xo 21:18 \xt پەند. 11‏:8\x* \m \v 19 سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، \m چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر.\x + \xo 21:19 \xt پەند. 21‏:9؛ 25‏:24\x* \m \v 20 ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ \m بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار. \m \v 21 ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، \m ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر. \m \v 22 دانا كىشى كۈچلۈكلەر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا يامىشار، \m ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار. \m \v 23 ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، \m جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار.\x + \xo 21:23 \xt پەند. 18‏:21\x* \m \v 24 چوڭچىلىق قىلغانلار، \m «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار. \m \v 25 ھۇرۇن كىشى ئۆز نەپسىدىن ھالاك بولار، \m چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارماس؛ \m \v 26 نەپسى يامان بولۇپ ئۇ كۈن بويى تەمە قىلىپ يۈرەر؛ \m بىراق ھەققانىي ئادەم ھېچنېمىنى ئايىماي سەدىقە قىلار.\x + \xo 21:26 \xt زەب. 37‏:26\x* \m \v 27 يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر!\x + \xo 21:27 \xt پەند. 15‏:8؛ يەش. 1‏:13؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21\x* \m \v 28 يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ \m ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار.\x + \xo 21:28 \xt پەند. 19‏:5، 9\x* \m \v 29 يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ \m دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار. \m \v 30 پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر. \m \v 31 ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، \m بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر.\x + \xo 21:31 \xt زەب. 20‏:7؛ 33‏:16-17\x* \b \b \m \c 22 \m \v 1 ياخشى نام زور بايلىققا ئىگە بولۇشتىن ئەۋزەل؛ \m قەدىر-قىممەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئۈستۈندۇر.\x + \xo 22:1 \xt توپ. 7‏:1\x* \m \v 2 گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار؛ \m ھەر ئىككىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر.\f □ \fr 22:2 \ft \+bd «گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «گاداي بىلەن باي بىر-بىرىگە يولۇقار».\f*  \x + \xo 22:2 \xt پەند. 29‏:13\x* \m \v 3 زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ \m ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.\x + \xo 22:3 \xt پەند. 27‏:12\x* \m \v 4 ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ بەرىكىتى ــ باياشاتلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھاياتتۇر. \m \v 5 ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ \m ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.\f □ \fr 22:5 \ft \+bd «ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز جېنىنى ساقلايدىغان كىشى».\f* \m \v 6 بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، \m چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.\f □ \fr 22:6 \ft \+bd «بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، ... يولدىن چىقماس»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ پەند ھەربىر بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى بار، شۇڭا بالىغا ئۆز مىجەزىگە، ماھىيىتىگە قاراپ تەربىيە بېرىش كېرەك، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بالىغا كىچىكىدە ھەققانىي يولدا مېڭىشنى ئۆگەتسەڭ،... يولدىن چىقماس». \fp بەزى شەرھچىلەر ئايەتنى «كىنايىلىك سۆز» دەپ چۈشىنىپ: «بالىغا كىچىكىدە ئۆزى خالىغان (شەخسىيەتچى) يول بويىچە تەربىيە بېرىۋەر! مانا چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس!» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ (دېمەك، بالىنى ئەركىلەتمە!).\f* \m \v 7 بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛ \m قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر. \m \v 8 ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ \m ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر.\f □ \fr 22:8 \ft \+bd «ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «غەزىپىنى يەتكۈزىدىغان ھاسىسى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 22:8 \xt ئايۇپ 4‏:8؛ ھوش. 10‏:13\x* \m \v 9 سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ \m چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.\f □ \fr 22:9 \ft \+bd «سېخىي ئادەم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېخى كۆزلۈك كىشى».\f*  \x + \xo 22:9 \xt 2كور. 9‏:6\x* \m \v 10 ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ \m كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر. \m \v 11 پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ \m شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.\x + \xo 22:11 \xt زەب. 101‏:6\x* \m \v 12 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار؛ \m ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار.\f □ \fr 22:12 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار»\+bd* ــ پەرۋەردىگار ھەربىر دەۋردە، ھەربىر يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپات-ھەقىقەتنى ساقلايدۇ، ھەم شۇنداقلا شۇ ئىسپات-ھەقىقەتنى قەدىرلەيدىغان، شۇلارغا گۇۋاھ بېرىدىغان كىشىلەرنى ساقلايدۇ («رىم.» 19:1-20نى كۆرۈڭ)؛ ئۇ يەنە بارلىق ئىنسانلارغا كالام-شېرىف (تاۋرات، زەبۇر، ئىنجىل) بەرگۈچىدۇر.\f* \m \v 13 ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، \m كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ.\x + \xo 22:13 \xt پەند. 26‏:13\x* \m \v 14 زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ \m پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.\x + \xo 22:14 \xt پەند. 2‏:16؛ 5‏:3؛ 7‏:5؛ 23‏:27\x* \m \v 15 نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ \m بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار.\x + \xo 22:15 \xt پەند. 13‏:24؛ 19‏:18؛ 23‏:14؛ 29‏:15،17\x* \m \v 16 مىسكىنلەرنى ئېزىش بىلەن باي بولغان، \m ۋە بايلارغا سوۋغات سۇنىدىغان كىشى، \m ئاخىرى پەقەت يوقسۇللۇقتا قالار.\x + \xo 22:16 \xt پەند. 14‏:31؛ 17‏:5\x* \b \m \s1 ئوتتۇز ھېكمەتلىك سۆز \m \v 17 قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛ \m كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن. \m \v 18 ئۇلارنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتساڭ، \m ئۇلار ساڭا شېرىن بولار، \m لەۋلىرىڭدە سەپ بولۇپ تەييار تۇرىدۇ. \m \v 19 چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن، \m بۈگۈن \add بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى\add* باشقا بىرسىگە ئەمەس، \m بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم. \m \v 20 ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم، \m بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار. \f □ \fr 22:20 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم»\+bd* ــ بۇ «ئۆتتۇز ھېكمەتلىك سۆز» 22:22-22:24 دە تېپىلىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭدىن مانا ئەلا سۆزلەرنى يازدىم».\f* \m \v 21 بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن، \m ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن. \b \m \v 22 يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، \m ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما. \f □ \fr 22:22 \ft \+bd «سوراق ئورنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەھەر دەرۋازىسى» ــ يەنى سوت قىلىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 22:22 \xt مىس. 23‏:6؛ ئايۇپ 31‏:13؛ زەب. 82‏:3، 4؛ زەك. 7‏:10\x* \m \v 23 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر، \m ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار.\x + \xo 22:23 \xt مىس. 22‏:22، 23؛ زەب. 10‏:17-18\x* \b \m \v 24 مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، \m قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما، \m \v 25 بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن. \b \m \v 26 باشقىلارغا \add كېپىل بولۇپ\add* قول بەرگۈچىلەردىن بولما، \m قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛\x + \xo 22:26 \xt پەند. 6‏:1؛ 11‏:15\x* \m \v 27 سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، \m ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى!\x + \xo 22:27 \xt پەند. 20‏:16\x* \b \m \v 28 ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە.\x + \xo 22:28 \xt قان. 19‏:14؛ 27‏:17؛ پەند. 23‏:10\x* \b \m \v 29 ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ \m ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ \m پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.\f □ \fr 22:29 \ft \+bd «ئەستايىدىل ۋە چاققان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز («ماھىر») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 23 \m \v 1 كاتتا ئەرباب بىلەن ھەمداستىخان بولساڭ، \m ئالدىڭدىكى كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلان. \m \v 2 ئىشتىيىڭ يامان بولسا، \m گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت.\f □ \fr 23:2 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى تارت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما، \m ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر. \b \m \v 4 باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛ \m ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما.\f □ \fr 23:4 \ft \+bd «ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز ئەقلىڭدىن چېكىنىپ ئۆزۈڭنى تارت». 5:3-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 \add بايلىقلارغا\add* كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ \m پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، \m خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر. \b \m \v 6 ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، \m ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛ \m \v 7 چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. \m ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، \m بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق. \m \v 8 يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، \m ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ. \b \m \v 9 ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، \m چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس.\x + \xo 23:9 \xt پەند. 9‏:8؛ مات. 7‏:6\x* \b \m \v 10 قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، \m يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛\x + \xo 23:10 \xt پەند. 22‏:28\x* \m \v 11 چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ \m ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار.\f □ \fr 23:11 \ft \+bd «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»\+bd* ــ كونا ئىسرائىلدا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» («گوئېل»)نىڭ قىلىدىغان يەنە بىر ئىشى ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى ئۇۋال قىلىنغانلار ئۈچۈن ئادالەتنى يۈرگۈزۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرسى قاتىللىق قەستىگە ئۇچرىغان بولسا، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى ھەم ۋەزىپىسى بار ئىدى. \fp مۇشۇ ئايەتتىكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولسا خۇدا ئۆزىدۇر، ئەلۋەتتە.\f* \b \m \v 12 نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، \m ئىلىم-بىلىملەرگە قۇلاق سال. \b \m \v 13 بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ \m ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛\x + \xo 23:13 \xt پەند. 13‏:24؛ 19‏:18؛ 22‏:15؛ 29‏:15،17\x* \m \v 14 سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، \m بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن.\f □ \fr 23:14 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 15 ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، \m مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى! \m \v 16 ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن.\f □ \fr 23:16 \ft \+bd «ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرىم شادلىنىدۇ».\f* \b \m \v 17 گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، \m ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛\x + \xo 23:17 \xt زەب. 37‏:1؛ 73‏:3؛ پەند. 24‏:1\x* \m \v 18 شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، \m ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.\x + \xo 23:18 \xt پەند. 24‏:14\x* \b \m \v 19 ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، \m قەلبىڭنى \add خۇدانىڭ\add* يولىغا باشلىغىن. \m \v 20 مەيخورلارغا ئارىلاشما، \m نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛\x + \xo 23:20 \xt يەش. 5‏:22؛ لۇقا 21‏:34؛ رىم. 13‏:13؛ ئ‍ەف. 5‏:18\x* \m \v 21 چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، \m غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر. \b \m \v 22 سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، \m ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما.\x + \xo 23:22 \xt پەند. 1‏:8\x* \m \v 23 ھەقىقەتنى سېتىۋال، \m ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. \m دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال.\x + \xo 23:23 \xt پەند. 4‏:7\x* \b \m \v 24 ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ \m دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار.\x + \xo 23:24 \xt پەند. 10‏:1؛ 15‏:20\x* \m \v 25 ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، \m سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل. \b \m \v 26 ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ \m كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن! \m \v 27 چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، \m بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛\x + \xo 23:27 \xt پەند. 22‏:14\x* \m \v 28 ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، \m ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر. \b \m \v 29 كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟ \m \v 30 دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، \m ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار!\x + \xo 23:30 \xt يەش. 5‏:11،22\x* \m \v 31 شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، \m كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما! \m \v 32 ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، \m ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ. \m \v 33 كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، \m ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ. \f □ \fr 23:33 \ft \+bd «غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ»\+bd* ــ ياكى «غەلىتە ئاياللار كۆرۈنىدۇ».\f* \m \v 34 خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، \m يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن. \m \v 35 سەن چوقۇم: ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! \m بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن. \m بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن. \b \b \m \c 24 \m \v 1 يامانلارغا رەشك قىلما، \m ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ئارزۇ قىلما؛\x + \xo 24:1 \xt زەب. 37‏:1؛ پەند. 3‏:31؛ 23‏:17\x* \m \v 2 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ \m ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر.\x + \xo 24:2 \xt زەب. 10‏:7\x* \b \m \v 3 ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ \m چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر. \m \v 4 بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار. \b \m \v 5 دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ \m بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار.\x + \xo 24:5 \xt پەند. 21‏:22\x* \m \v 6 پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ \m غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار.\f □ \fr 24:6 \ft \+bd «غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار»\+bd* ــ بىزنىڭچە «بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى» خۇدا ئۆزىنى كۆرسىتىشى كېرەك. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا، غەلىبە بولىدۇ».\f*  \x + \xo 24:6 \xt پەند. 11‏:14؛ 15‏:22؛ 20‏:18\x* \b \m \v 7 دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ \m \add چوڭلار\add* شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس.\x + \xo 24:7 \xt پەند. 14‏:6\x* \b \m \v 8 ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار. \m \v 9 ئەخمەقلىقتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ \m ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر. \b \m \v 10 بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، \m كۈچسىز ھېسابلىنىسەن. \b \m \v 11 \add سەۋەبسىز\add* ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ \m بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛\x + \xo 24:11 \xt زەب. 82‏:3-4\x* \m \v 12 ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، \m ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ \m جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ \m ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟\x + \xo 24:12 \xt ئايۇپ 34‏:11؛ زەب. 62‏:12؛ يەر. 32‏:19؛ رىم. 2‏:6؛ ۋەھ. 22‏:12\x* \b \m \v 13 ئى ئوغلۇم، ھەسەل \add تاپساڭ\add* ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. \m ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛ \m \v 14 دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ \m ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، \m ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.\x + \xo 24:14 \xt زەب. 19‏:11؛ 119‏:103؛ پەند. 23‏:18\x* \b \m \v 15 ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، \m ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما! \m \v 16 چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، \m بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. \m لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر.\x + \xo 24:16 \xt ئايۇپ 5‏:19؛ زەب. 34‏:19؛ ئام. 5‏:2؛ 8‏:14\x* \b \m \v 17 رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، \m دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛\x + \xo 24:17 \xt ئايۇپ 31‏:29؛ پەند. 17‏:5\x* \m \v 18 پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، \m بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، \m بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن. \b \m \v 19 يامانلار \add راۋاج تاپسا\add*، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ \m رەزىللەرگە رەشك قىلما.\x + \xo 24:19 \xt زەب. 37‏:1؛ 73‏:3؛ پەند. 3‏:31؛ 23‏:17؛ 24‏:1\x* \m \v 20 چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، \m ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر.\x + \xo 24:20 \xt ئايۇپ 18‏:5، 6؛ پەند. 13‏:9؛ 20‏:20\x* \b \m \v 21 ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. \m قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما. \m \v 22 بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، \m \add پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ\add* ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟\f □ \fr 24:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلار ئىككىسىنىڭ...».\f* \b \m \s1 باشقا ئەقلىيە سۆزلەر \m \v 23 بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ \b \m سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس. \f □ \fr 24:23 \ft \+bd «قەتئىي بولماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».\f*  \x + \xo 24:23 \xt مىس. 23‏:3، 6؛ لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17؛ 16‏:19؛ پەند. 18‏:5؛ 28‏:21؛ يـۇھ. 7‏:24؛ ياق. 2‏:1\x* \m \v 24 جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، \m خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ \m ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر. \x + \xo 24:24 \xt پەند. 17‏:15؛ يەش. 5‏:23\x* \m \v 25 بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، \m ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر. \b \m \v 26 دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، \m گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر.\f □ \fr 24:26 \ft \+bd «دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر»\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلار دۇرۇس جاۋاب بەرگەن كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيۈپ قويار».\f* \b \m \v 27 ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، \m ئېتىز-ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، \m ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن. \b \m \v 28 يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ \m ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما. \m \v 29 «ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، \m ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما.\x + \xo 24:29 \xt رىم. 12‏:17،19\x* \b \m \v 30 مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، \m ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم، \m \v 31 مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، \m خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، \m قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! \m \v 32 ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ \m كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ \m \v 33 سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، \m يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، \m يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ،\x + \xo 24:33 \xt پەند. 6‏:10،11\x* \m \v 34 نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، \m ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار. \b \b \m \c 25 \s1 سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرىنىڭ داۋامى \m \v 1 تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ \b \m \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛ \m پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە.\x + \xo 25:2 \xt رىم. 11‏:33\x* \m \v 3 ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى، \m زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، \m ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس. \m \v 4 ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا، \m ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار. \m \v 5 ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە، \m ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار.\x + \xo 25:5 \xt پەند. 20‏:8، 28\x* \m \v 6 پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە، \m \add ئۇنىڭ ئالدىدىكى\add* ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛ \m \v 7 ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، \m ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر.\f □ \fr 25:7 \ft \+bd «ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز كۆزۈڭ كۆرگەن جانابقا...».\f*  \x + \xo 25:7 \xt لۇقا 14‏:7-11\x* \b \m \v 8 ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، \m مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ \add ئۈستۈن چىقىپ\add* سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟\x + \xo 25:8 \xt پەند. 18‏:17\x* \m \v 9 يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، \m باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما. \m \v 10 بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، \m سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن. \b \m \v 11 ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز، \m كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر. \m \v 12 \add قۇلاققا\add* ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، \m ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار. \b \m \v 13 خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا \add ئىچكەن\add* قار سۈيىدەك، \m ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ \m ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار.\f □ \fr 25:13 \ft \+bd «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى قارنىڭ سالقىنىدەك» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 25:13 \xt پەند. 13‏:17\x* \b \m \v 14 يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، \m يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر. \b \m \v 15 ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، \m يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.\x + \xo 25:15 \xt پەند. 15‏:1؛ 16‏:14\x* \b \m \v 16 سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟ \m ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە، \m كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن. \b \m \v 17 قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە، \m ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن. \b \m \v 18 يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، \m خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر.\x + \xo 25:18 \xt زەب. 11‏:2؛ 57‏:4؛ 59‏:7؛ 120‏:3-4؛ پەند. 12‏:18\x* \m \v 19 سۇنۇق چىش بىلەن چايناش، \m توكۇر پۇت \add بىلەن مېڭىش\add*، \m كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر. \b \m \v 20 قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، \m ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش، \m قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر.\f □ \fr 25:20 \ft \+bd «(خام) سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش»\+bd* ــ سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇلسا، ئىنتايىن ئاچچىق بىر ھىد چىقىدۇ، شۇڭا مەنىسى: ــ «يارىغا تۇز سەپكەندەك» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 25:20 \xt رىم. 12‏:15\x* \b \m \v 21 دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، \m نان بەر؛ \m ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛ \f □ \fr 25:21 \ft \+bd «دۈشمىنىڭ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ...».\f*  \x + \xo 25:21 \xt مىس. 23‏:4، 5؛ رىم. 12‏:20\x* \m \v 22 شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، \m ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.\f □ \fr 25:22 \ft \+bd «(دۈشمىنىڭنىڭ) بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر.\f* \b \m \v 23 شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، \m چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر. \m \v 24 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن \add ئازادە\add* ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، \m ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا \add يالغۇز\add* يېتىپ-قوپقان ياخشى.\f □ \fr 25:24 \ft \+bd «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،...»\+bd* ــ ياكى «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كۆرە،...».\f*  \x + \xo 25:24 \xt پەند. 21‏:9،19\x* \m \v 25 ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، \m يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار. \m \v 26 پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، \m سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، \m رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر. \m \v 27 ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ \m بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.\f □ \fr 25:27 \ft \+bd «ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەتتىكى «ئۇلۇغلۇق» خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. \fp ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلۇغ» بىلەن «ئېغىر» بىر سۆز بولغاچقا، بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بار: «ئېغىر ئىشلارنى ئويلىنىپ سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئېغىر ئىشتۇر». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار، جۈملىدىن «ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى ئىزدەش ئۇلۇغ ئىش ئەمەس».\f* \m \v 28 ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى، \m ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ.\f □ \fr 25:28 \ft \+bd «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى»\+bd* ــ «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلالمايدىغان» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 25:28 \xt پەند. 16‏:32\x* \b \b \m \c 26 \m \v 1 يازدا قار يېغىش، \m ئورما ۋاقتىدا يامغۇر يېغىش قاملاشمىغاندەك، \m ئىززەت-ھۆرمەت ئەخمەققە لايىق ئەمەستۇر. \m \v 2 لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇچقاچتەك، \m ئۇچقان قارلىغاچ يەرگە قونمىغاندەك، \m سەۋەبسىز قارغىش كىشىگە زىيان كەلتۈرەلمەس. \m \v 3 ئاتقا قامچا، ئېشەككە نوختا لازىم بولغىنىدەك، \m ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە تاياق لايىقتۇر.\x + \xo 26:3 \xt زەب. 32‏:8، 9، 10؛ پەند. 10‏:13\x* \m \v 4 ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن، \m جاۋاب بەرسەڭ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. \m \v 5 ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن، \m جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار. \m \v 6 ئۆز پۇتىنى كېسىۋەتكەندەك، \m ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك، \m ئەخمەقتىن خەۋەر يوللاشمۇ شۇنداق بىر ئىشتۇر.\f □ \fr 26:6 \ft \+bd «ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇددى زىيان ئىچكەندەك».\f* \m \v 7 توكۇرنىڭ كارغا كەلمىگەن پۇتلىرىدەك، \m ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەتمۇ بىكار بولۇر. \m \v 8 سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك، \m ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر.\f □ \fr 26:8 \ft \+bd «سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك،...»\+bd* ــ تاش سالغىغا باغلاپ قويۇلسا، ئۇنى سالغىدىن چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 9 ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت، \m مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر. \m \v 10 ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، \m ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر.\f □ \fr 26:10 \ft \+bd «ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر»\+bd* ــ بۇ پەند-نەسىھەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار.\f* \m \v 11 ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، \m ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار.\x + \xo 26:11 \xt 2پېت. 2‏:22\x* \m \v 12 ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ \m ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 26:12 \xt پەند. 29‏:20\x* \m \v 13 ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، \m كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ \add ئۆيدىن چىقماس\add*.\x + \xo 26:13 \xt پەند. 22‏:13\x* \m \v 14 ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش، \m ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە. \m \v 15 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، \m غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىنمۇ ئېرىنەر.\x + \xo 26:15 \xt پەند. 19‏:24\x* \m \v 16 ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار. \m \v 17 كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، \m ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار. \m \v 18 ئۆز يېقىنلىرىنى ئالداپ «پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدۇم!» دەيدىغان كىشى، \m ئوتقاشلارنى، ئوقلارنى، ھەرخىل ئەجەللىك قوراللارنى ئاتقان تەلۋىگە ئوخشايدۇ. \m \v 20 ئوتۇن بولمىسا ئوت ئۆچەر؛ \m غەيۋەت بولمىسا، جېدەل بېسىلار.\x + \xo 26:20 \xt پەند. 22‏:10\x* \m \v 21 چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك، \m ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار.\x + \xo 26:21 \xt پەند. 15‏:18؛ 29‏:22\x* \m \v 22 غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، \m كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.\f □ \fr 26:22 \ft \+bd «كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىشىنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچكى يەرلىرىگە سىڭدۈرۈلەر».\f*  \x + \xo 26:22 \xt پەند. 18‏:8\x* \m \v 23 يالقۇنلۇق لەۋلەر رەزىل كۆڭۈللەرگە قوشۇلغاندا، \m ساپال قاچىغا كۈمۈش ھەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر. \m \v 24 ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، \m كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ. \m \v 25 ئۇنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئىشىنىپ كەتمىگىن؛ \m قەلبىدە يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر. \m \v 26 ئۇ ئۆچمەنلىكىنى چىرايلىق گەپ بىلەن ياپسىمۇ، \m لېكىن رەزىللىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنار. \m \v 27 كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر؛ \m تاشنى دومىلاتقان كىشىنى تاش دۇمىلاپ قايتىپ كېلىپ ئۇنى يانجار.\x + \xo 26:27 \xt زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:15؛ 10‏:2؛ 57‏:6؛ توپ. 10‏:8\x* \m \v 28 ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛ \m خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر. \b \b \m \c 27 \m \v 1 ئەتىكى كۈنۈڭ توغرۇلۇق ماختانما، \m چۈنكى بىر كۈنى نېمە بولىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن.\x + \xo 27:1 \xt ياق. 4‏:13، 14\x* \m \v 2 سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ئۆز ئاغزىڭ مۇنداق قىلمىسۇن، \m يات ئادەم سېنى ماختىسۇن، ئۆز لەۋلىرىڭ ئۇنداق قىلمىسۇن. \m \v 3 تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، \m بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. \m \v 4 غەزەپ رەھىمسىزدۇر، \m قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، \m بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟ \m \v 5 ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر. \m \v 6 دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ \m بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر.\f □ \fr 27:6 \ft \+bd «دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر ئادەمنى ھەقىقەتكە يەتكۈزەر».\f* \m \v 7 توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، \m ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر.\f □ \fr 27:7 \ft \+bd «توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر»\+bd* ــ ياكى «توق كىشى ھەسەل كۆنىكىنى دەسسىۋېتىدۇ».\f* \m \v 8 يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، \m ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار. \m \v 9 ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، \m جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. \m جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر. \m \v 10 ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ \m بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ \m يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا.\x + \xo 27:10 \xt پەند. 17‏:17؛ 18‏:24\x* \m \v 11 ئى ئوغلۇم، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، \m شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن. \m \v 12 زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ \m ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.\x + \xo 27:12 \xt پەند. 22‏:3\x* \m \v 13 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ \m يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.\x + \xo 27:13 \xt پەند. 6‏:1، 2؛ 11‏:15؛ 17‏:18؛ 20‏:16\x* \m \v 14 قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، \m ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار. \m \v 15 يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىن، \m ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشاشتۇر.\x + \xo 27:15 \xt پەند. 19‏:13\x* \m \v 16 ئۇنى تىزگەنلەش بوراننى توسقانغا، \m ياكى ياغنى ئوڭ قول بىلەن چاڭگاللىغانغا ئوخشاشتۇر. \m \v 17 تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، \m دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر. \m \v 18 ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ \m خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ. \m \v 19 سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، \m ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر.\f □ \fr 27:19 \ft \+bd «ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشىنىڭ قەلبىگە مەلۇم بولار (ئەكس ئېتەر)».\f* \m \v 20 تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، \m ئادەمنىڭ \add ئاچ\add* كۆزلىرى قانائەت تاپماس.\f □ \fr 27:20 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاي. \+bd «ھالاكەت»\+bd* ــ بەلكىم «ھالاك قىلغۇچى» دېگەن يامان بىر پەرىشتىدۇر. «ۋەھ.» 11:9نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:20 \xt توپ. 1‏:8\x* \m \v 21 ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، \m ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار. \m \v 22 ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، \m ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار. \b \m \v 23 پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، \m مال-ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛ \m \v 24 چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، \m تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟ \m \v 25 قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، \m يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، \m تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا، \m \v 26 شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ \m ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر،\x + \xo 27:26 \xt 1تىم. 6‏:8\x* \m \v 27 ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، \m دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر. \b \b \m \c 28 \m \v 1 يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ \m بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر.\x + \xo 28:1 \xt لاۋ. 26‏:36؛ قان. 28‏:28؛ يەش. 57‏:21\x* \m \v 2 يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، \m لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان-مۇقىم ئۇزۇن تۇرار. \m \v 3 مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، \m خۇددى \add زىرائەتلەرنى\add* ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ. \m \v 4 تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ \m بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار. \m \v 5 رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ \m بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر. \m \v 6 پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، \m ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر.\x + \xo 28:6 \xt پەند. 19‏:1\x* \m \v 7 تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ \m بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار.\x + \xo 28:7 \xt پەند. 29‏:3\x* \m \v 8 جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، \m ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر.\x + \xo 28:8 \xt لاۋ. 25‏:35-37\x* \m \v 9 كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، \m ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار. \m \v 10 كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، \m ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ \m بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار.\x + \xo 28:10 \xt پەند. 26‏:27\x* \m \v 11 باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ \m بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر. \m \v 12 ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، \m جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ \m بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار.\x + \xo 28:12 \xt پەند. 11‏:10،11\x* \m \v 13 ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ \m بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر.\x + \xo 28:13 \xt زەب. 32‏:3، 5؛ 1يۇھ. 1‏:9، 10\x* \m \v 14 \add پەرۋەردىگاردىن\add* ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! \m بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.\f □ \fr 28:14 \ft \+bd «پەرۋەردىگاردىن ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر»\+bd* ــ ئەينى تېكىستتە «پەرۋەردىگار» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «گۇناھ قىلىشتىن ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى».\f* \m \v 15 ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، \m ياكى \add ئوۋنى ئىزدەپ\add* كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، \m يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر. \m \v 16 يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، \m بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار. \m \v 17 قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ \m ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!\f □ \fr 28:17 \ft \+bd «ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھېچكىم ئۇنىڭغا ھىمايە بولمىسۇن!». تەۋرات قانۇنى بويىچە ئادەمنى تاسادىپىي ئۆلتۈرگەن كىشى «پاناھلىق شەھەر»لەرگە قاچسا بولاتتى. ئەمما گۇناھى بار كىشىلەر ھامان شۇ شەھەرلەردىن ھىمايە ئالالمايتتى («چۆل.» 34:6-35نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 18 سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ \m ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر. \m \v 19 ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ \m بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار! \m \v 20 راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ \m بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس.\x + \xo 28:20 \xt پەند. 13‏:11؛ 20‏:21؛ 23‏:4\x* \m \v 21 بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ \m چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر.\f □ \fr 28:21 \ft \+bd «قەتئىي بولماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».\f*  \x + \xo 28:21 \xt پەند. 18‏:5؛ 24‏:23\x* \m \v 22 نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، \m ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر.\f □ \fr 28:22 \ft \+bd «نەپسى تويماس كىشى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزى يامان كىشى».\f* \m \v 23 باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن كىشى، \m ھامان خۇشامەت قىلغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىلتىپات تاپار. \m \v 24 ئاتا-ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، \m ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر. \m \v 25 نەپسى تويمىغۇر كىشى جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ؛ \m بىراق پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى ئەتلىنەر.\f □ \fr 28:25 \ft \+bd «نەپسى تويمىغۇر كىشى»\+bd* ــ ياكى «ھالى چوڭ كىشى».\f*  \x + \xo 28:25 \xt پەند. 13‏:10؛ 15‏:18؛ 29‏:22\x* \m \v 26 ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەقتۇر؛ \m بىراق دانالىق بىلەن ماڭغان نىجات تاپار. \m \v 27 نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ \m لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار.\x + \xo 28:27 \xt قان. 15‏:7،8،10؛ پەند. 19‏:17؛ 22‏:9\x* \m \v 28 يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ \m لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار.\x + \xo 28:28 \xt پەند. 28‏:12\x* \b \b \m \c 29 \m \v 1 قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، \m تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار. \m \v 2 ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، \m قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر.\x + \xo 29:2 \xt پەند. 11‏:10؛ 28‏:12،28\x* \m \v 3 دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ \m بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار.\x + \xo 29:3 \xt پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 28‏:7؛ لۇقا 15‏:13\x* \m \v 4 پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ \m بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار.\f □ \fr 29:4 \ft \+bd «بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا،...»\+bd* ــ ياكى «بىراق پارىخور بولسا،..».\f* \m \v 5 ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، \m ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر. \m \v 6 رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ \m بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار. \m \v 7 ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ \m بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس.\x + \xo 29:7 \xt ئايۇپ 29‏:16\x* \m \v 8 ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ \m بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار. \m \v 9 دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، \m ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس. \m \v 10 قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ \m دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر.\f □ \fr 29:10 \ft \+bd «دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالار».\f* \m \v 11 ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ \m بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار.\x + \xo 29:11 \xt پەند. 14‏:33\x* \m \v 12 ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، \m ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس. \m \v 13 گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ \m ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.\f □ \fr 29:13 \ft \+bd «گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر-بىرىگە يولۇقار».\f*  \x + \xo 29:13 \xt پەند. 22‏:2\x* \m \v 14 يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، \m تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار.\x + \xo 29:14 \xt پەند. 20‏:28؛ 25‏:5\x* \m \v 15 تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ \m بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.\x + \xo 29:15 \xt پەند. 10‏:1؛ 13‏:24؛ 17‏:21،25؛ 22‏:15؛ 23‏:13\x* \m \v 16 يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ \m لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر.\x + \xo 29:16 \xt زەب. 37‏:36؛ 58‏:10-11؛ 91‏:8\x* \m \v 17 ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ \m ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر.\x + \xo 29:17 \xt پەند. 13‏:24؛ 22‏:15؛ 23‏:13،14\x* \m \v 18 \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ \m لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر.\f □ \fr 29:18 \ft \+bd «يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەنگەن.\f* \m \v 19 قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ \m ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس. \m \v 20 ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ \m ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 29:20 \xt پەند. 26‏:12\x* \m \v 21 كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، \m كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار.\f □ \fr 29:21 \ft \+bd «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاخىردا ئۇ (قۇل) ئۆزىگە پەرزەنتتەك بولۇپ چىقار».\f* \m \v 22 تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ \m ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.\x + \xo 29:22 \xt پەند. 15‏:18؛ 26‏:21\x* \m \v 23 مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، \m بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر.\x + \xo 29:23 \xt ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 15‏:33؛ 18‏:12؛ يەش. 66‏:2؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ 18‏:14؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5\x* \m \v 24 ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ \m ئۇ سوراقچىنىڭ \add گۇۋاھ بېرىشكە\add* ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس.\f □ \fr 29:24 \ft \+bd «...راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس»\+bd* ــ «لاۋ.» 1:5نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 29:24 \xt لاۋ. 5‏:1\x* \m \v 25 ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ \m بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر.\f □ \fr 29:25 \ft \+bd «بىخەتەر كۆتۈرۈلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 26 كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ \m بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر.\x + \xo 29:26 \xt پەند. 19‏:6\x* \m \v 27 ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ \m دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر. \b \b \m \c 30 \s1 ئاگۇرنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى \m \v 1 تۆۋەندىكىلەر ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرغا ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر: \m بۇ ئادەم ئىتىيەلگە، يەنى ئىتىيەل بىلەن ئۇكالغا مۇنداق سۆزلەرنى دېگەن: ــ \f □ \fr 30:1 \ft \+bd «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۈكلەنگەن سۆزلەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئاگۇرنىڭ دىل-روھىغا يۈكلىگەن سۆزلىرى. \+bd «بۇ ئادەم»\+bd* ــ ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇر.\f* \m \v 2 مەن دەرۋەقە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى، ھايۋانغا ئوخشاشتۇرمەن؛ \m مەندە ئىنسان ئەقلى يوق. \m \v 3 دانالىقنى ھېچ ئۆگەنمىدىم؛ \m ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر. \m \v 4 كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ \m كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ \m كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ \m كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ \m ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟\x + \xo 30:4 \xt ئايۇپ 38‏:4؛ زەب. 104‏:3؛ يەش. 40‏:12\x* \m \v 5 تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ \m ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. \x + \xo 30:5 \xt زەب. 12‏:6-7؛ 18‏:30-31؛ 19‏:7-8؛ 119‏:140؛ 2تىم. 2‏:16\x* \m \v 6 ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ \m ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، \m سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ.\x + \xo 30:6 \xt قان. 4‏:2؛ 12‏:32؛ ۋەھ. 22‏:18\x* \b \m \v 7 ئى \add خۇدايىم\add*، سەندىن ئىككى نەرسىنى تىلەيمەن؛ \m مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغايسەن: ــ \m \v 8 ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن يىراق قىلغايسەن؛ \m مېنى گادايمۇ قىلماي، بايمۇ قىلماي، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن. \m \v 9 چۈنكى زىيادە تويۇپ كەتسەم، سەندىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» ــ دەپ قېلىشىم مۇمكىن. \m ياكى گاداي بولۇپ قالسام، ئوغرىلىق قىلىپ، سەن خۇدايىمنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈشىم مۇمكىن. \b \m \v 10 خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قۇلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلما، \m بولمىسا ئۇ سېنى قارغاپ لەنەت قىلىدۇ، ئەيىبكار بولىسەن. \b \m \v 11 ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، \m ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار، \m \v 12 ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار، \m \v 13 بىر دەۋر بار ــ ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، \m ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ!\f □ \fr 30:13 \ft \+bd «ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قاپاقلىرى نېمانچە كۆتۈرۈلگەن!».\f*  \x + \xo 30:13 \xt پەند. 6‏:17\x* \m \v 14 ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، \m ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار!\x + \xo 30:14 \xt پەند. 12‏:18\x* \b \m \v 15 زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. \m ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ \f □ \fr 30:15 \ft \+bd «زۈلۈك»\+bd* ــ سۇ ئىچىدە ياشايدىغان قانخور بىر خىل پارازىتتۇر.\f* \m \v 16 گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، \m سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، \m ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت.\f □ \fr 30:16 \ft \+bd «گۆر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «گۆر» ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا»، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \v 17 ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، \m ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، \m قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، \m بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر. \b \m \v 18 مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ \m شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ \m \v 19 بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، \m يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، \m كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر. \b \m \v 20 زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ \m ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 30:20 \ft \+bd «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!»\+bd* ــ زىناخور خوتۇننىڭ يولىنىڭ ئاجايىبلىقى بولسا ئۆزىنىڭ ئوپئوچۇق گۇناھىنى ھېچ تونۇمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت.\f* \b \m \v 21 يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ \m ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ \m \v 22 پادىشاھ بولغان قۇل، \m تاماققا تويغان ھاماقەت، \m \v 23 نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، \m ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك.\f □ \fr 30:23 \ft \+bd «نەپرەتكە پاتقان»\+bd* ــ ياكى «نەپرەتلىك»، «نەپرەتلەنگەن».\f* \b \m \v 24 يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار: ــ \m \v 25 چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛\x + \xo 30:25 \xt پەند. 6‏:8\x* \m \v 26 سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛ \m \v 27 چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛ \m \v 28 كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، \m لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ. \b \m \v 29 قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، \m كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ \m \v 30 ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر، \m \v 31 زىلۋا بەيگە ئىتى، \m تېكە، \m ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر.\f □ \fr 30:31 \ft \+bd «زىلۋا بەيگە ئىتى»\+bd* ــ ياكى «بەيگە ئېتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز بەك ئاز ئۇچرايدۇ. \+bd «پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «ئاغدۇرۇلماس ۋە ئۆرۈلمەس پادىشاھدۇر» ياكى «ئۆز قوشۇنىنى باشلىغان پادىشاھدۇر».\f*  \x + \xo 30:31 \xt ئايۇپ 39‏:19-28\x* \b \m \v 32 ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، \m ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، \m قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم!\f □ \fr 30:32 \ft \+bd «قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم!»\+bd* ــ بەلكىم ئىبرانىي تىلىدا «بولدى، بەس!» دېگەن مەنىنى بېرىش مۇمكىن.\f*  \x + \xo 30:32 \xt ئايۇپ 21‏:5\x* \m \v 33 كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ \m بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ \m ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل-ماجىرا چىقار.\f □ \fr 30:33 \ft \+bd «كالا سۈتى قوچۇلسا ... بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا.... ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا ...»\+bd* ــ بۇ جۈملىدىكى «قوچۇلسا» «مىجىلسا» ۋە «قوزغاپ ... ئويلىسا» ئىبرانىي تىلىدا ئوخشاش بىر پېئىل بىلەن ئىپادىلەنگەن.\f* \b \b \m \c 31 \s1 پادىشاھقا نەسىھەت \m \v 1 تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن: \f □ \fr 31:1 \ft \+bd «پادىشاھ لەمۇئەل»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «لەمۇئەل»نى سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبا ئۇنىڭغا قويغان لەقەم، دەپ قارايدۇ. ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر ئارىسىدا «لەمۇئەل» ئىسىملىك بىر پادىشاھ بىزگە نامەلۇم. «لەمۇئەل» دېگەننىڭ مەنىسى: «خۇدا ئۈچۈن». \+bd «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر»\+bd* ــ ئەگەر بۇ باب «ئاگۇر»نىڭ (1:30) سۆزىنىڭ داۋامى بولسا، ئۇنداختا «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر» پەرۋەردىگارنىڭ ئاگۇرنىڭ «دىل-روھىغا يۈكلىگەن سۆزلىرى»نىڭ داۋامىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟\f □ \fr 31:2 \ft \+bd «ئى مېنىڭ ئامرىقىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئى بالىياتقۇمنىڭ بالىسى!». \+bd «قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئى قەسەملىرىمنىڭ بالىسى!».\f* \m \v 3 كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ \m ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما!\f □ \fr 31:3 \ft \+bd «ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە»\+bd* ــ دېمەك، جىنسىي ھەۋەسلەرگە.\f*  \x + \xo 31:3 \xt قان. 17‏:17\x* \m \v 4 ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، \m ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس. \m \v 5 بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، \add مۇقەددەس\add* بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، \m بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. \m \v 6 كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن! \m \v 7 ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، \m قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!\f □ \fr 31:7 \ft \+bd «ئۇلار شارابنى ئىچىپ، ... قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر كىنايىلىك، ھەجۋىي بولغىنى بىلەن، مسكىنلەرنىڭ شاراب ئىچىش سەۋەبىگىمۇ ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئايەت ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەرگىز تەستىقلىغان ئەمەس. كۆزدە تۇتۇلغىنى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەتتۇر.\f* \m \v 8 ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، \m ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل. \m \v 9 سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، \m ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول.\x + \xo 31:9 \xt لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:16\x* \b \m \s1 پەزىلەتلىك ئايال \m \v 10 א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ \m ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ.\f □ \fr 31:10 \ft \+bd «پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟...»\+bd* ــ كېيىنكى 22 ئايەت شېئىر بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا ئالاھىدە شەكىلگە ئىگە. ئىبرانىي يېزىقىدا 22 ھەرپ بار. بۇ 22 ئايەتنىڭ ھەربىرى ئىبرانىي ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى بولسا، ئا-، ئە-، ب- قاتارلىق ھەرپلەر بىلەن باشلانغانغا ئوخشاش).\f*  \x + \xo 31:10 \xt پەند. 12‏:4\x* \m \v 11 ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، \m ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر! \m \v 12 ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، \m ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. \m \v 13 ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، \m ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ. \m \v 14 ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، \m \add ئائىلىنى بېقىشتىكى\add* ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ. \m \v 15 ו: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، \m ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، \m خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ.\f □ \fr 31:15 \ft \+bd «... نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «... ئىشنى تەقسىم قىلىدۇ».\f* \m \v 16 ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ \m قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ. \m \v 17 ח \add ئىشقا قاراپ\add* ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، \m بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛ \m \v 18 ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، \m كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار. \m \v 19 י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، \m بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار. \m \v 20 כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ \m ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار. \m \v 21 ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، \m ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. \m \v 22 מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ \m ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر. \m \v 23 נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ \m شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.\f □ \fr 31:23 \ft \+bd «ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار»\+bd* ــ كونا ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، يۇرتتىكى ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىدا يىغىن ئېچىپ سوت قىلاتتى.\f* \m \v 24 ס ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ \m بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ. \m \v 25 ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ \m ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. \m \v 26 פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، \m تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار. \m \v 27 צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، \m بىكارغا نان يېمەيدۇ. \m \v 28 ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ \m ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ \m \v 29 ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، \m بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ. \m \v 30 ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، \m ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، \m پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ! \m \v 31 ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! \m ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!\f □ \fr 31:31 \ft \+bd «ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا دېيىلگەندەك، شەھەر دەرۋازىلىرى ئاقساقاللار ئولتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ.\f*