\id PHP \h فىلىپپىلىقلارغا \toc1 فىلىپپىلىقلارغا \toc2 فىلىپپىلىقلارغا \toc3 فىل. \mt1 فىلىپپىلىقلارغا \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس فىلىپپى شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ \m \v 1 ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام!\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام!»\+bd* ــ «يېتەكچىلەر» ھەم «خىزمەتچىلەر» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ.\f* \v 2 سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي!\x + \xo 1:2 \xt رىم. 1‏:7؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 3 ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ مېنى ھەرقېتىملىق ئەسلىگىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن؛...».\f*  \x + \xo 1:3 \xt ئ‍ەف. 1‏:15؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2؛ 2تېـس. 1‏:3. \x* \v 4‏-5 ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛\f □ \fr 1:4‏-5 \ft \+bd «...سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن»\+bd* ــ «سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ» ــ دېمەك، فىلىپپىلىقلارنىڭ پاۋلۇستىن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان كۈنىدىن تارتىپ. \fp خەت يېزىلغان چاغدا پاۋلۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان «ھەمكارلىشىشى» ئون يىلدىن كۆپ بولغان.\f* \v 6 چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ»\+bd* ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى» بولسا مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان، جامائەتنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدىغان كۈنىدۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:6 \xt يـۇھ. 6‏:29؛ 1تېس. 1‏:3. \x* \v 7 مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ \add خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن\add* مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن»\+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىسى: «چۈنكى سىلەر مېنىڭ قەلبىمدىدۇرسىلەر». لېكىن بىزنىڭچە بىزنىڭ تەرجىمىمىمىز توغرىدۇر؛ شۇنداق بولغاندا ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى: ــ ئۇلارنىڭ «پاۋلۇسقا قەلبىدىن ئورۇن بەرگىنى» ۋە شۇنىڭدەك تۈرمىدە بولغان ھاجىتىدىن چىققانلىقى، ھەر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ خىزمەتتە پاۋلۇسقا شېرىك بولغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى، پاۋلۇسقا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېتىقادچىلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. \+bd «مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) فىلىپپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ تۈرمىدە ياتقان پاۋلۇسقا ياردەم بېرىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە خۇش خەۋەرنىڭ يولىدا ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق جاپا تارتىشقا تەييار بولۇشى خۇدا مېھىر-شەپقىتىنى ئۇلاردا مول يۈرگۈزۈشى، ياكى (2) ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى خۇدانىڭ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنى ئۇلارغا تېخىمۇ مول ياغدۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بولغان. ئىككىلىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بولغىنى بىلەن بىزنىڭچە ئىككىنچىسى ئېھتىمالغا يېقىندۇر.\f*  \x + \xo 1:7 \xt ئ‍ەف. 3‏:1؛ 4‏:1؛ كول. 4‏:3،18؛ 2تىم. 1‏:8. \x* \v 8 مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر.\x + \xo 1:8 \xt رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. \x* \m \v 9 مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، \v 10 سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «... سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر ...»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ كۈنى» توغرۇلۇق 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 11 ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر. \m \v 12 بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛ \v 13 چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «مېنىڭ قامىلىشىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ باغ-زەنجىرلىرىم». \+bd «ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پرايتورىئۇم» دېگەن سۆز قەيسەرنىڭ ئوردىسىدىكى مەلۇم بىر قىسىمنى كۆرسىتىدۇ. «پرايتورىئۇم»غا ئىمپېراتورنى مۇداپىئە قىلغۇچىلار بولغان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرى جايلاشقان؛ شۇ يەر يەنە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى ۋالىيلارنىڭ باش شتابى ئىدى. شۇڭا پاۋلۇسنىڭ بۇ يەردە «باشقا ھەممەيلەن» دېگىنى بەلكىم لەشكەرلەرنى ھەم رىمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ۋالىيلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ \add خۇدانىڭ\add* سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛ \f □ \fr 1:14 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى...»\+bd* ــ دېمەك، كۆپ قېرىنداشلار: «پاۋلۇس ھەتتا قەيسەرنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇپمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قورقماي سۆزلەۋاتقان يەردە، مەن سىرتتا ئەركىن تۇرۇپ ئۇنى جاكارلاشتا نېمىدىن قورققانتىم؟» دەپ جۈرئەتلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:14 \xt ئ‍ەف. 3‏:13؛ 1تېس. 3‏:3. \x* \v 15 دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛ \v 16 كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛ \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىم»\+bd* ــ «قويۇلغانلىقىم» ــ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە.\f* \v 17 ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا»\+bd* ــ شۇنداق قېرىنداشلار بەلكىم: «ئۇلۇغ روسۇل پاۋلۇس تۈرمىدە قاماقلىق، بىزگە پۇرسەت كەلدى» دەپ، جامائەتلەر ئارىسىدا ئۆز داڭقىنى چىقارماقچى، ئۆزلىرى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى» بولۇۋالماقچى بولغانلاردۇر.\f* \m \v 18 ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن. \v 19 چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن، \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن...»\+bd* ــ «مېنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇم» ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەرنى «تۈرمىدىن قۇتقۇزۇلۇش» ياكى بولمىسا «مېنى ئۆلۈم ئارقىلىق جەننەتكە يەتكۈزۈش» دەپ چۈشىنىدۇ؛ بىزنىڭچە بۇ سۆزلەر چوقۇم تۆۋەندىكى 20-ئايەت بىلەن باغلىقتۇر. 20-ئايەتتە «نىجات-قۇتقۇزۇلۇش»نىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىكەنلىكى كۆرىسىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:19 \xt 2كور. 1‏:11. \x* \v 20 ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن! \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن... »\+bd* ــ «ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن...» بەلكىم مەسىھنىڭ ۋەكىل سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق داغ كەلتۈرمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:20 \xt رىم. 5‏:5. \x* \v 21 چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. \m \v 22 جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛ \v 23 مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛ \v 24 ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن.\f □ \fr 1:24 \ft \+bd «ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن»\+bd* ــ 21-25-ئايەتلەر توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛ \f □ \fr 1:25 \ft \+bd «ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ تۈرمىدىن قايتا چىققانلىقى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 26 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ! \m \v 27 پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار، \f □ \fr 1:27 \ft \+bd «ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خەۋىرىگە لايىق ھالدا تۇتۇڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈڭلار مەسىھنىڭ خەۋىرىگە لايىق ھالدا پۇقرا بولۇڭلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. فىلىپپىدىكىلەر بولسا «رىملىق پۇقرالار» دەپ ھېسابلىنىپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئىدى. پاۋلۇسنىڭ پۇرىتىپ ئېيتماقچى بولغىنى «ئۆزۈڭلارنى ئەرشتىكى پۇقرالارغا لايىق ھالدا تۇتۇڭلار» دېگەنلىكتۇر.\f*  \x + \xo 1:27 \xt يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:1؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12؛ 4‏:1. \x* \v 28 شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛ \f □ \fr 1:28 \ft \+bd «سىلەردىكى بۇ غەيرەت...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇ ئىش...». باشقا مۇمكىنچىلىكى باركى، «بۇ ئىش» قارشى چىققۇچىلارنىڭ قارشىلىقىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «...ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، (شۇنىڭدەك) قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىغا بىر ئالامەتتۇر».\f* \v 29 چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر. \v 30 چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر.\f □ \fr 1:30 \ft \+bd «.. سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر»\+bd* ــ دېمەك، (1) ئېتىقاد ئۈچۈن زىيانكەشلىككە يولۇقۇش؛ (2) شۈبھىسىزكى، ھەرخىل جىن-شەيتانلار تەرىپىدىن كەلگەن ھۇجۇمغا ئۇچراش («روھىي كۈرەش ــ «ئەف.» 10:6-18نى كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 2 \m \v 1 ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، \f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەگەر» دائىم رېتورىك شەكىلدە ئىشلىتىلىپ «ئەگەر... ۋە دەرۋەقە (شۇنداق) بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «روھ» بولسا خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. «قەلبدە» ئەسلى گرېك تىلىدا «ئىچ-قارنىدا»، «ئىچ-باغرىدا».\f* \v 2‏-3 ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر.\x + \xo 2:2‏-3 \xt رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8؛ رىم. 12‏:10؛ 1پېت. 5‏:5. \x* \m \v 4 ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار.\x + \xo 2:4 \xt 1كور. 10‏:24؛ 13‏:5. \x* \v 5 مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ \x + \xo 2:5 \xt مات. 11‏:29؛ يـۇھ. 13‏:15؛ 1پېت. 2‏:21؛ 1يۇھ. 2‏:6. \x* \m \v 6 ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، \m ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛ \x + \xo 2:6 \xt 2كور. 4‏:4؛ كول. 1‏:15؛ ئىبر. 1‏:3. \x* \m \v 7 ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، \m ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، \m ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ،\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «... ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى (6-ئايەت)، ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ تۇرىۋېرەي دەپ تۇرۇۋالمايلا، ئۆزىندىن ھەممىنى قۇتۇقدىدى،...». \+bd «ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، *ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ،...»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم ئىنجىل ئىچىدە مەنىسى ئەڭ چوڭقۇر جۈملىلەردىن بىرىدۇر. «ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئىتىدىن ئورتاقداش بولۇپ» دېگەن ئىبارىلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىنسان بولۇپ، تولۇق ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تەبىئىتىدە ھېچ گۇناھ يوق ئىدى. «ئىنسانىي تەبىئىتى» گرېك تىلىدا «ئىنسانىي «سخېما»» دەپ ئىپادىلىنىدۇ، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە «ئاساسىي قۇرۇلۇش»ىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «ئۇ ئۆزىنى قۇرۇقدىدى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:7 \xt زەب. 8‏:5؛ مات. 20‏:28؛ لۇقا 22‏:27؛ يـۇھ. 13‏:14. \x* \m \v 8 ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، \m ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛\x + \xo 2:8 \xt ئىبر. 2‏:9،14،17؛ 4‏:15؛ 12‏:2. \x* \m \v 9 شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، \m ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، \x + \xo 2:9 \xt روس. 2‏:33؛ ئىبر. 1‏:4. \x* \m \v 10 ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ،\x + \xo 2:10 \xt يەش. 45‏:23؛ رىم. 14‏:11. \x* \m \v 11 خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، مەسىھ ئەيساغا بېغىشلانغان نام «رەب»دۇر. ئۇ ئەسلى ئۆزى رەب بولۇپ (مەسىلەن، «لۇقا» 11:2)، ئۇ ئەرشلەرگە كۆتۈرۈلگىنىدە خۇدائاتىسى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن بولغان خۇرسەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قايتىدىن ئۇنى «رەب» دەپ ئېنىق جاكارلىغان. «يەش.» 23:45نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:11 \xt يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 8‏:6؛ 12‏:3. \x* \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار. \v 13 چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.\x + \xo 2:13 \xt 2كور. 3‏:5. \x* \m \v 14 ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ \x + \xo 2:14 \xt رىم. 12‏:17؛ 1پېت. 2‏:12؛ 4‏:9. \x* \v 15 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ \x + \xo 2:15 \xt پەند. 4‏:18؛ مات. 5‏:14. \x* \v 16 شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن...»\+bd* ــ «ھاياتنىڭ سۆز-كالامى» ــ مەڭگۈ ھايات توغرۇلۇق سۆز، ئەلۋەتتە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى چىڭ تۇتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن،...». لېكىن يۇقىرىقى 15-ئايەتتە فىلىپپىلىق قېرىنداشلار «يورۇقلۇق بەرگۈچى» دەپ ئاتالغان بولغاچقا، مۇشۇ يەردە «(سىلەر)... (خۇدانىڭ) ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىشنى توغرا كۆرىمىز.\f*  \x + \xo 2:16 \xt 2كور. 1‏:14؛ 1تېس. 2‏:19. \x* \m \v 17 ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن. \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن»\+bd* ــ پاۋلۇس يۇقىرىدا 25:1-26دە «سىلەر بىلەن يەنە دىدارلىشىمەن» دەيدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، مەيۈسلەنمەيتتى ياكى ھېچ ھەسرەت تارتمايتتى، ئەكسىچە شۇ سەۋەبتىن شادلىناتتى؛ ۋە ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى.\f*  \x + \xo 2:17 \xt 2كور. 7‏:4. \x* \v 18 سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك.\f □ \fr 2:18 \ft \+bd «سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك»\+bd* ــ 17-18—ئايەت ئۈستىدە: تەۋرات دەۋرىدىكى ئىبادەت تۈزۈمىدە، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قىلغاندا، قۇربانلىق قۇربانگاھقا قويۇلغاندا ئۇنىڭغا «ئاش ھەدىيە» قوشۇلۇشى كېرەك، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە «شاراب ھەدىيە» قۇيۇلۇشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ يەردە پاۋلۇس تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن فىلىپپىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قىلغان خىزمەت-ئىبادىتىنى مۇھىم قۇربانلىققا، ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېھتىماللىقى بولغان ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى تۈرمىدە ئۆزىنى جامائەت ئۈچۈن پىدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىر «شاراب ھەدىيە»گە، يەنى ئۇلارنىڭ چوڭ قۇربانلىقى ئۈستىگە تولۇقلايدىغان پەقەت قوشۇمچە بىر «شاراب ھەدىيە»گە ئوخشىتىدۇ. \fp قايتىدىن دەيمىز: ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، مەيۈسلەنمەيتتى ياكى ھېچ ھەسرەت تارتمايتتى، ئەكسىچە شۇ سەۋەبتىن شادلىناتتى؛ ۋە ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى.\f* \m \v 19 لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ \x + \xo 2:19 \xt روس. 16‏:1؛ رىم. 16‏:21؛ 1تېس. 3‏:2. \x* \v 20 چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر. \v 21 چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ \x + \xo 2:21 \xt 1كور. 10‏:24؛ 13‏:5. \x* \v 22 ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. \v 23 ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ \v 24 ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار. \m \v 25 ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم، \f □ \fr 2:25 \ft \+bd «مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىت»\+bd* ــ «سەپدىشىم» ــ پاۋلۇس بىلەن روھىي كۈرەشتە ئورتاق جەڭچى، ئەلۋەتتە. \fp «ئەلچىڭلار» گرېك تىلىدا «ئاپوستولوس». بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئەۋەتىلگەن كىشى»، «ئەلچى» ياكى «روسۇل» بولىدۇ. مۇشۇ يەردە بىز «ئەلچى» دەپ تەرجىمە قىلغىنىمىز بىلەن، مۇمكىنچىلىكى باركى، پاۋلۇس ئېپافرودىتنىڭ روسۇللۇق خىزمىتى بار بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 26 چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى. \v 27 ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. \f □ \fr 2:27 \ft \+bd «ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى»\+bd* ــ «خۇدا... يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى» دېگەن سۆز بىرخىل گۇناھنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. تۆۋەندىكى 28-30-ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئېپافرودىت پاۋلۇسقا جامائەتنىڭ سوۋغىسىنى يەتكۈزۈپ بارىدىغان يولدا كېسەل بولدى. ئۇ بەلكىم يولدا كېسەل بولۇپ قالغان. ئۇ پاۋلۇسنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ ئۆز كېسىلى بىلەن ھېچ كارى بولماي ئالغا باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ «ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى». پاۋلۇس، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى بىرخىل تەۋەككۈلچىلىك، ئاقىلانە ئىش ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن. خۇددى پاۋلۇس، خۇدا «ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ» ساقايتتى، شۇنداقلا «ماڭا رەھىم قىلدى» ــ چۈنكى ئېپافرودىت مېنىڭ ۋەجەمدىن شۇنداق قىلدى، دېگەندەك. \fp ئۇنداق دېگىنىمىز بىلەن، خۇدا بىزگە جامائەت ئۈچۈن شۇنداق تەۋەككۈل قىلىشقا تەييار بولغان ئادەمەلەرنى ئەۋەتسۇن!\f* \v 28 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن. \v 29 ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ \x + \xo 2:29 \xt 1كور. 9‏:14؛ گال. 6‏:6؛ 1تېس. 5‏:12؛ 1تىم. 5‏:17؛ ئىبر. 13‏:17. \x* \v 30 چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى.\f □ \fr 2:30 \ft \+bd «ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئۇ خىزمەت دەپ،...» دېيىلگەن. پاۋلۇسقا (شۇنداقلا ئېپافرودىتقا) نىسبەتەن پەقەت «خىزمەت»لا بار، چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەت بىر خىزمەت، يەنى مەسىھنىڭ خىزمىتى، خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتى باردۇر. \+bd «ئۇ... سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ «ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇق....» دېگىنى، فىلىپپىدىكى جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىدە مەلۇم يېتەرسىزلىك بار، دېگەنلىكى ئەمەس؛ ئۇ، سىلەردە ئۈمىد قىلغىنىڭلاردەك ياردەمنى يەتكۈزۈش پۇرسەتلىرى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەۋەتمەكچى بولغان كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن، دېمەكچى. \fp «ياردىمىڭلار» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «ئىبادەتخانىدىكى كاھىنلىق قۇربانلىق خىزمىتىڭلار»نى پۇرىتىدىغان سۆزدۇر.\f* \b \b \m \c 3 \m \v 1 ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، رەبدە شادلىنىڭلار! بۇلارنى سىلەرگە قايتا يېزىش مەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ.\x + \xo 3:1 \xt فىل. 4‏:4؛ ياق. 1‏:2؛ 1پېت. 4‏:13. \x* \m \v 2 ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار!\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار!»\+bd* ــ «ئىتلار» يالغان تەلىم بەرگۈچى، خۇدانىڭ يولىنى بۇرىغۇچى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3-7-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر» ئىنتايىن ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئۇ «ئادەملەر سۈننەتسىز (خەتنىسىز) بولسا قۇتقۇزۇلمايدۇ» دەپ تەرەپ-تەرەپتە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرىنى سۈننەت قىلماقچى بولغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ بابتىكى 3-8، 17-21-ئايەتلەرنى ھەم ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى، «ئەتتىكى سۈننەت» ۋە «روھىي سۈننەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:2 \xt يەش. 56‏:10. \x* \v 3 چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز.\x + \xo 3:3 \xt قان. 10‏:16؛ 30‏:6؛ يەر. 4‏:4؛ يـۇھ. 4‏:24؛ رىم. 2‏:29؛ كول. 2‏:11. \x* \v 4 مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق؛\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇھىم. «ئەت» ياكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانغۇدەك سالاھىيىتىم بار» دېگىنى، «مەندە خۇدا ئالدىدا گۇناھىمنى يۇغۇدەك، ئۆزۈمنى خۇداغا ئەپلەشتۈرگۈدەك قىلغان ئىشلىرىم بار» دېگەنلىكتۇر (مەسىلەن، مەن سۈننەت قىلىنغان، ئۆتكەندە ئىبادەتخانىدا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى ۋە ھەدىيەلەرنى سۇنغان، مۇھىم دىنىي ئەربابمەن، قاتارلىقلار).\f*  \x + \xo 3:4 \xt 2كور. 11‏:21. \x* \v 5 سۈننەتكە كەلسەك، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلىندىم؛ ئىسرائىل مىللىتىدىن، بىنيامىننىڭ قەبىلىسىدىنمەن، «ئىبرانىيلارنىڭ ئىبرانىيىسى»مەن؛ تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن؛\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «... تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن»\+bd* ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى تەۋرات قانۇنىدىكى تەلەپلەرنى ئەڭ تەكىتلەيدىغان دىنىي مەزھەپ ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:5 \xt يار. 49‏:27؛ روس. 23‏:6؛ 2كور. 11‏:22. \x* \v 6 خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم»\+bd* ــ «جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلىش» خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە؛ لېكىن شۇ ۋاقىتلاردىكى پاۋلۇس (سائۇل) مەسىھگە قارشى بولۇپ، «مەسىھكە ئېتىقاد باغلاشنى بولسا خۇدانىڭ يولى بىلەن قارشىلاشقانلىق، تەۋرات قانۇنىنى بۇلغىغانلىق» دەپ ئويلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدا ئۇ خۇداغا بولغان «قىزغىنلىق»ىنى خاتا يولغا قارىتىپ «جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلدى». \+bd «تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم»\+bd* ــ «ئەيىبسىز» ــ دېمەك، ئۇ تەۋرات قانۇنى جەھەتىدىن ئۆزىنى ئەيىبسىز دەپ قارايتتى. كېيىن خۇدانىڭ روھىدىن يورۇتۇلغاندا ئۇ تەۋرات قانۇنىدىكى تولۇق تەلەپنى بىلىپ يېتىپ، ئۆزىنى تولىمۇ ئەيىبلىك تونۇپ يەتتى («رىم.» 7:7-25، بولۇپمۇ 7نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:6 \xt روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:3، 4؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 7 ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛\x + \xo 3:7 \xt مات. 13‏:44. \x* \v 8 مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى،\x + \xo 3:8 \xt يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22؛ يـۇھ. 17‏:3؛ كول. 2‏:2. \x* \v 9 مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ \f □ \fr 3:9 \ft \+bd «مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق..تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن»\+bd* ــ «مەسىھتە» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا».\f*  \x + \xo 3:9 \xt رىم. 1‏:17؛ 3‏:21. \x* \v 10 مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، ــ يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، \f □ \fr 3:10 \ft \+bd ««ئۇنىڭ (مەسىھنىڭ) ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك»»\+bd* ــ بۇنىڭ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ...»\+bd* ــ مەسىھتە بولغان مۇھەببەت، ھەققانىيلىق، يۇۋاش-مۇلايىملىق، سەۋر-تاقەتلىك، ئىمان-ئېتىقاد ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلىش پوزىتسىيىنىڭ ئەڭ ئايان قىلىنغان ۋاقتى بولسا ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە بولغاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىزگە «ئۇنىڭ ئۆلۈمى»دىن ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگە كۆرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:10 \xt رىم. 8‏:17؛ 2كور. 4‏:10؛ 2تىم. 2‏:11،12؛ 1پېت. 4‏:13. \x* \v 11 شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن...»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ مۇشۇ سۆزى، ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى مۇددىئا قىلىشى ئەمەس؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەسىھنىڭ كۈنىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىگە قەتئىي ئىشەنچى بار ئىدى (21:1). «ئۆلۈمدىن تىرىلىش»تە، ئىشەنگۈچىلەردە نۇرغۇنلىغان يېڭى قابىلىيەتلەر، يېڭى كۈچلەر، يېڭى بىلىم-چۈشەنچىلەر ۋە ۋەھىيلەر پەيدا بولىدۇ، خۇدانىڭ تولۇق شان-شەرىپى چەكسىز كۆرۈنىدۇ؛ لېكىن، پاۋلۇس بەلكىم مۇشۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئىشلارغا ئىگە بولسام دېگەن ئۇلۇغ مۇددىئادا بولغان بولسا كېرەك. 12-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 12 ئۇلارغا ئېرىشتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېمەكچى ئەمەسمەن؛ لېكىن مەسىھ ئەيسانىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىدا بولغان مۇددىئا-نىشانىنى ئۆزۈم تۇتۇۋالسام دەپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. \v 13 قېرىنداشلار، مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تۇتۇۋالدىم دەپ قارىمايمەن. پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلىمەنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ، \v 14 نىشاننى قوغلاپ، خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان بۈيۈك چاقىرىقىدىكى ئىنئامىغا قاراپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن.\x + \xo 3:14 \xt 1كور. 9‏:24؛ 2تىم. 4‏:7. \x* \m \v 15 ئەمدى ئارىمىزدىن كىمكى پىشىپ يېتىلگەن بولسا شۇ ئوي-مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ دېگىنى، بەلكىم نىشاننى قوغلىشىڭلارغا ھەرقانداق نامۇۋاپىق ئويدا بولساڭلار» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنىڭ: «ئەمدى ئارىمىزدىكى كىمكى «پىشىپ يېتىلگەن» (كىنايىلىك، ھەجۋىي ئېيتىلغان) بولسا، مۇشۇ ئويدا بولايلى. ئەگەر سىلەر باشقىچە ئويلىغان بولساڭلار، خۇدا بۇنىڭ خاتالىقىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭغا قايىل ئەمەسمىز؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۇنىڭغا زىت كېلىدۇ.\f* \v 16 قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى.\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم باسايلى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى، شۇ ئويىدىمۇ بولىۋېرەيلى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:16 \xt رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ گال. 6‏:16؛ فىل. 2‏:2؛ 1پېت. 3‏:8. \x* \m \v 17 مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار. \x + \xo 3:17 \xt 1كور. 4‏:16؛ 11‏:1؛ 1تېس. 1‏:6. \x* \v 18 چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. \f □ \fr 3:18 \ft \+bd «نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:18 \xt رىم. 16‏:17. \x* \v 19 ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. \v 20 ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ــ ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. \f □ \fr 3:20 \ft \+bd «ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ كرېستىغا بولغان دۈشمەنلەر» بولسا ئەرشكە ئەمەس، بەلكى «بۇ دۇنيا»غا، يەنە «زېمىن»غا تەۋەدۇر.\f*  \x + \xo 3:20 \xt 1كور. 1‏:7؛ 1تېس. 1‏:10؛ تىت. 2‏:13؛ ئىبر. 13‏:14. \x* \v 21 ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ.\f □ \fr 3:21 \ft \+bd «ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ»\+bd* ــ «ئەبگار بۇ تېنىمىز» گرېك تىلىدا «بىزنى تۆۋەن قىلىدىغان بۇ تېنىمىز»، ياكى «بىزنى كىچىك پېئىللىق قىلىدىغان بۇ تېنىمىز» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بىرسى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولسا تېنىدە ھەرقانداق ئاجىزلىق، ئەبگارلىق پەيدا بولسا مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ چوڭچىلىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا ھەممىمىزگە كىچىك پېئىللىقنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى روشەن كۆرىستىدۇ.\f*  \x + \xo 3:21 \xt 1كور. 15‏:51؛ كول. 3‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:2. \x* \b \b \m \c 4 \m \v 1 ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم!\x + \xo 4:1 \xt 1تېس. 2‏:19. \x* \m \v 2 ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار!\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار!»\+bd* ــ ئېۋودىيا ۋە سۇنتىخە جامائەتتىكى ئاچا-سىڭىل ئىدى.\f* \m \v 3 دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان. \f □ \fr 4:3 \ft \+bd «مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم...»\+bd* ــ «ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم» پاۋلۇس بۇ ئالاھىدە ئىبارە بىلەن مەلۇم قېرىندىشىنى كۆرسىتىدۇ. پاۋلۇس ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلىغا ئالمىغان بولسىمۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە فىلىپپىلىقلارنىڭ ھەممىسى كىمنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. گرېك تىلىدا «ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق (خىزمەتدىشىم)» دېگەن ئىبارە «سۈزۈگۈس» بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، بەزى ئالىملار «سۈزۈگۈس» دېگەننى ئادەمنىڭ ئىسمى دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 4:3 \xt مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 20‏:12؛ 21‏:27. \x* \m \v 4 رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار!\x + \xo 4:4 \xt 1تېس. 5‏:16؛ روس.16‏:25\x* \m \v 5 سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر!\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر!»\+bd* ــ «رەب يېقىندۇر» دېگەننىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) رەب ئەيسا ئېتىقادچىلارغا ھەردائىم يېقىن؛ (2) رەب ئەيسا يېقىن ئارىدا دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:5 \xt 1كور. 10‏:11؛ ئىبر. 10‏:25. \x* \m \v 6 ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛\x + \xo 4:6 \xt زەب. 55‏:23؛ مات. 6‏:25؛ 1تىم. 6‏:8،17؛ 1پېت. 5‏:7. \x* \v 7 شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «... خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ»\+bd* ــ ياكى «خۇدادىن كەلگەن خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ» ــ گرېك تىلىدىكى تېكىستتە «خۇدانىڭ خاتىرجەملىكى...» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:7 \xt يـۇھ. 14‏:27؛ رىم. 5‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:14. \x* \m \v 8 ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، نېمە ئىشلار ھەقىقەت، نېمە ئىشلار ئالىيجاناب، نېمە ئىشلار ھەققانىي، نېمە ئىشلار پاك، نېمە ئىشلار خۇش-يېقىملىق، نېمە ئىشلار شان-شۆھرەتلىك بولسا، قىسقىسى ھەرقانداق ئىشلاردا ئەخلاق-پەزىلەت ياكى ماختاشقا لايىق تەرەپلەر بار بولسا، شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار.\x + \xo 4:8 \xt رىم. 13‏:13؛ 1تېس. 4‏:3، 4، 5. \x* \m \v 9 مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە مەندە كۆرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بولسا، سىلەر شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ»\+bd* ــ «خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا» گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.\f* \m \v 10 ئەمدى مەن رەبدە زىيادە شادلاندىمكى، سىلەر ھازىر ئاخىردا ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭلارنى قايتىدىن كۆرسەتتىڭلار (بىلىمەنكى، ماڭا دائىم كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار، ئەمما پەقەتلا كۆرسىتىش پۇرسىتى چىقمىدى). \x + \xo 4:10 \xt 2كور. 11‏:9. \x* \v 11 مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم»\+bd* ــ روسۇل ئۇلارنى «شادلاندىم» (10-ئايەت) دېگىنىنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ بۇ سۆزنى قىلىدۇ. شادلانغانلىقى زىنداندىكى ئاچ قالغان مەھبۇسنىڭ تاماقنى كۆرگىنىدىكى شادلىقى ئەمەس، بەلكى جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىدىن، جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سادىق مۇھەببىتىدىن شادلىنىشى ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ ئۇلارغا سۆزىدە: «مەن ھازىرمۇ ئىنتايىن ھاجەتمەن» دېگەندەك پۇراقنى چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:11 \xt 1تىم. 6‏:6. \x* \v 12 مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. \x + \xo 4:12 \xt 1كور. 4‏:11؛ 2كور. 11‏:27. \x* \v 13 ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. \v 14 ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار. \m \v 15 سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان. \f □ \fr 4:15 \ft \+bd «سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان»\+bd* ــ ئايەتتىكى «...مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا» دېگەن قىسىمنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... خۇش خەۋەرنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىدە، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا...». فىلىپپى شەھىرى بولسا ماكېدونىيە ئۆلكىسىدە؛ شۇڭا قايسى تەرجىمىسى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاۋلۇس خۇش خەۋەرنى فىلىپپىلىقلارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنى باشقا جايدىكىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىققانىدى. شۇ چاغدا فىلىپپىدىكى جامائەت ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە بەلكىم باشقا جەھەتلەردە ياردەم قىلغانىدى. \fp پاۋلۇسنىڭ «بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرى» دېگىنى، پاۋلۇسنىڭ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى دەپ ئۇلارنىڭ ئەۋەتكەن ياردىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:15 \xt 2كور. 11‏:9. \x* \v 16 چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار. \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار»\+bd* ــ «بىرنەچچە قېتىم» گرېك تىلىدا «بىر قېتىم، ھەتتا ئىككى قېتىم...» دېگەن ئىبارە بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىبارە «بىرنەچچە قېتىم» دېگەننى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 17 مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا \add روھىي\add* مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. \m \v 18 لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى. \f □ \fr 4:18 \ft \+bd «سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم»\+bd* ــ «تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم» دېگەنلىك گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادلىلىنىدۇ. پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى بىلەن، پەقەت جىسمانىي جەھەتتىلا ھەممە نەرسەم بار دېگەننى ئەمەس، روھىي جەھەتتىمۇ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى، تولىمۇ تەسەللى تاپقانلىقىنى، تولىمۇ غەيرەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 4:18 \xt ئىبر. 13‏:16. \x* \v 19 ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ. \m \v 20 ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن. \m \v 21 مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام يەتكۈزۈڭلار. يېنىمدىكى قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام! \m \v 22 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن، بولۇپمۇ قەيسەر \add ئىمپېراتورنىڭ\add* ئوردىسىدا بولغانلاردىن سىلەرگە سالام! \m \v 23 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي!