\id NUM \h چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر \toc1 چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر \toc2 چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر \toc3 چۆل. \mt1 چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر \c 1 \s1 ئىسرائىل خەلقىنىڭ بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئېلىنىشى \m \v 1 ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى: —\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ...»\+bd* — «ۋە» دېگەن بۇ سۆز «چۆل-باياۋندىكى سەپەر» دېگەن كىتابنىڭ «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» ۋە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابلار بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مىسىردىن چىقىش» 40-باب، 1- ۋە 38-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب بۇ ئىككى كىتابنىڭ داۋامىدۇر. \+bd «جامائەت چېدىرى»\+bd* — ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدە «جامائەت» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 2 سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن.\x + \xo 1:2 \xt مىس. 30‏:12\x* \v 3 ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار. \v 4 ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ. \v 5 تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛ \v 6 شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛ \v 7 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون؛ \v 8 ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل؛ \v 9 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ \v 10 يۈسۈپ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما؛ ماناسسەھ قەبىلىسىدىن پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل؛ \v 11 بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان؛ \v 12 دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر؛ \v 13 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل؛ \v 14 گاد قەبىلىسىدىن دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف؛ \v 15 نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا». \m \v 16 بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جامائەت تەرىپىدىن سايلانغان».\f* \v 17 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنى باشلاپ، \v 18 ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە-نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملىدى. \v 19 پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، مۇسا سىناي چۆلىدە ئۇلارنى شۇنداق ساناقتىن ئۆتكۈزدى. \m \v 20 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 21 رۇبەن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «مىڭ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار ئىبرانىي تىلىدىكى «مىڭ» دېگەن سۆزنى «جەمەت» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنداق تەرجىمە مەزكۇر كىتابنىڭ كۆپ يەرلىرىگە زىت كېلىشى مۇمكىن.\f* \m \v 22 شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 23 شىمېئون قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى بولدى. \m \v 24 گادنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 25 گاد قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى بولدى. \m \v 26 يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 27 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى بولدى. \m \v 28 ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 29 ئىسساكار قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. \m \v 30 زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 31 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. \m \v 32 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: — ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 33 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. \m \v 34 \add يۈسۈپنىڭ ئىككىنچى ئوغلى\add* ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 35 ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولدى. \m \v 36 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 37 بىنيامىن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. \m \v 38 داننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 39 دان قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. \m \v 40 ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 41 ئاشىر قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. \m \v 42 نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ \v 43 نافتالى قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. \m \v 44 يۇقىرىقىلار بولسا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئون ئىككى ئەمىرى ‹ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە ۋەكىل بولدى› ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكەزگەن. \v 45 شۇنداق قىلىپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئىسرائىلدا يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلاردىن، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى؛ \v 46 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى.\x + \xo 1:46 \xt مىس. 38‏:26\x* \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ ھېسابقا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى \m \v 47 بىراق لاۋىيلار ئاتا جەمەت-قەبىلىسى بويىچە ساناقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى. \m \v 48 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \v 49 «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمىگىن.\f □ \fr 1:49 \ft \+bd «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن»\+bd* ــ كېيىن مۇسا ئۇلارنى ئايرىم ساناقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى (32:26).\f* \v 50 لېكىن سەن لاۋىيلارنى \add خۇدانىڭ\add* ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى ھەم ئۇنىڭغا دائىر بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن؛ ئۇلار \add ئىبادەت\add* چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرىدۇ؛ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىلار شۇلار بولسۇن، ئۇلار چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۆز چېدىرلىرىنى تىكسۇن.\f □ \fr 1:50 \ft \+bd «خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر»\+bd* ــ «ئىبادەت چېدىرى»نىڭ باشقا بىر نامى. «گۇۋاھلىق» ياكى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f* \v 51 چېدىرنى كۆچۈرىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار سۆكسۇن؛ چېدىرنى تىكىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار تىكسۇن؛ \add لاۋىيلارغا\add* يات بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. \v 52 ئىسرائ‍ىللار بارگاھ قۇرغاندا ھەر ئادەم ئۆز قىسمىدا، ئۆزىگە خاس تۇغ ئاستىغا چېدىر تىكسۇن.\f □ \fr 1:52 \ft \+bd «تۇغ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز تۇغىنى كۆرسىتىدۇ (2:2نى كۆرۈڭ).\f* \v 53 بىراق \add خۇدانىڭ\add* غەزىپى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا بارگاھ قۇرسۇن؛ لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» — دېگەنىدى. \m \v 54 ئىسرائىللار ئەنە شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئۇلار شۇنداق قىلدى. \b \b \m \c 2 \s1 ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بارگاھ قۇرۇش تەرتىپى ۋە ئورنى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — \m \v 2 ئىسرائ‍ىللار ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغى ئاستىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا چېدىر تىكسۇن؛ جامائەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن سەل يىراقراق بارگاھ قۇرسۇن. \m \v 3 كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئۆز تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قىسمى بويىچە بارگاھ قۇرىدىغىنى يەھۇدابولسۇن؛ يەھۇدالارنىڭ ئەمىرى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولسۇن. \v 4 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى. \v 5 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئىسساكار قەبىلىسى بولسۇن؛ ئىسساكارلارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولسۇن. \v 6 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى. \v 7 ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولسۇن؛ زەبۇلۇنلارنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولسۇن. \v 8 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى. \v 9 ئومۇمەن يەھۇدا بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئالتە مىڭ تۆت يۈز كىشى؛ ئۇلار ئالدى بىلەن يولغا چىقسۇن. \m \v 10 — جەنۇب تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى رۇبەن قەبىلىسى بولسۇن؛ رۇبەنلارنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولسۇن. \v 11 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى. \v 12 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى شىمېئون قەبىلىسى بولسۇن؛ شىمېئونلارنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولسۇن. \v 13 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى. \v 14 ئۇلارنىڭ يېنىدا گاد قەبىلىسى بولسۇن؛ گادلارنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولسۇن.\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «دېئۇئەل»\+bd* ــ ياكى «رېئۇئەل».\f* \v 15 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى. \v 16 رۇبەن بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك كىشى؛ ئۇلار ئىككىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن. \m \v 17 ئاندىن جامائەت چېدىرى بىلەن لاۋىيلارنىڭ بارگاھى باشقا بارگاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭسۇن؛ ئۇلار قانداق بارگاھ قۇرغان بولسا، شۇنداق يولغا چىقسۇن؛ ھەر قايسىسى ئۆز ئورنىدا ئۆز تۇغى ئاستىدا بولسۇن. \m \v 18 — كۈن پېتىش تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى ئەفرائىم قەبىلىسى بولسۇن؛ ئەفرائىملارنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولسۇن. \v 19 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى. \v 20 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ماناسسەھ قەبىلىسى بولسۇن؛ ماناسسەھلەرنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولسۇن. \v 21 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى. \v 22 ئۇلارنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسى بولسۇن؛ بىنيامىنلارنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولسۇن. \v 23 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى. \v 24 ئومۇمەن ئەفرائىم بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەككىز مىڭ بىر يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۈچىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن. \m \v 25 — شىمال تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى دان قەبىلىسى بولسۇن. دانلارنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولسۇن. \v 26 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى. \v 27 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئاشىر قەبىلىسى بولسۇن؛ ئاشىرلارنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولسۇن. \v 28 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى. \v 29 ئۇلارنىڭ يېنىدا نافتالى قەبىلىسى بولسۇن؛ نافتالىلارنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولسۇن. \v 30 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى. \v 31 دان بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك يەتتە مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۆز تۇغلىرى ئاستىدا ھەممىنىڭ كەينىدە يولغا چىقسۇن. \m \v 32 يۇقىرىدىكىلەر ئۆز ئاتا جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر؛ قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە بارگاھلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى.\x + \xo 2:32 \xt مىس. 38‏:26؛ چۆل. 1‏:46\x* \v 33 بىراق لاۋىيلارلا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللار قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى.\x + \xo 2:33 \xt چۆل. 1‏:48، 49\x* \m \v 34 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغى بويىچە بارگاھ قۇراتتى؛ ئۇلار ئۆز قەبىلىسى ۋە ئاتا جەمەتى تەرتىپى بويىچە يولغا چىقاتتى. \b \b \m \c 3 \s1 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى \m \v 1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «كۈنلەردە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈندە».\f* \v 2 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ناداب ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.\x + \xo 3:2 \xt مىس. 6‏:23\x* \v 3 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئۇلار مەسىھلەنگەن كاھىنلار ئىدى؛ \add مۇسا\add* ئۇلارنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە خۇداغا ئاتاپ ئايرىغانىدى.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «خۇداغا ئاتاپ ئايرىش»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «خۇداغا ئاتاپ ئايرىش» ئىبرانىي تىلىدا «قولغا سېلىش» ياكى «قولنى تولدۇرۇش» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. «مىس.» 41:28 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. كاھىنلىق ۋەزىپىسى ئاساسەن خۇدانىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىشى بىلەن باشلىناتتى.\f* \v 4 لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنغىنى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەسلى قالدۇرۇلمىدى؛ ئەلىئازار بىلەن ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇن ئالدىدا كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.\x + \xo 3:4 \xt لاۋ. 10‏:1-7؛ چۆل. 26‏:61؛ 1تار. 24‏:2\x* \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 5 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \m \v 6 سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل.\x + \xo 3:6 \xt چۆل. 16‏:9؛ 18‏:2\x* \v 7 ئۇلار ھارۇننىڭ ھاجىتى ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن. \v 8 ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن. \v 9 سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن. \v 10 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، — دېدى. \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ تاللىنىشى \m \v 11 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \m \v 12 — قارا، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ.\f □ \fr 3:12 \ft \+bd «تۇنجى بالىلار مېنىڭكىدۇر»\+bd* — خۇدا ئەسلىدە ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇش يولىدا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھەتتا ھايۋانلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىللار «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوزىسى» («پاسخا قوزا»)نىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سېپىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ تۇنجى بالىلىرى شۇ ئاقىۋەتتىن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان. خۇدا ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئالايىتەن قۇتقۇزغان بولغاچقا، ھازىر خەلققە: «تۇنجى بالىلار مېنىڭكىدۇر» دەيدۇ. دېمەك، ئۇلار ئەسلىدە خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن خۇدا «مەن ئۇلارنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى قويىمەن» دەپ ئۆز خىزمىتىگە لاۋىيلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قوبۇل قىلدى (13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:12 \xt مىس. 13‏:2\x* \v 13 چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 3:13 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ 34‏:19؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 8‏:16؛ لۇقا 2‏:22\x* \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى \m \v 14 ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا: — \m \v 15 — سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، — دېدى. \v 16 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە دېيىلگەندەك لاۋىيلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. \m \v 17 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: — گەرشون، كوھات، مەرارى.\x + \xo 3:17 \xt مىس. 6‏:16، 17، 18؛ چۆل. 26‏:57؛ 1تار. 6‏:1، 16؛ 23‏:6\x* \v 18 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئائىلىلىرى بويىچە لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. \v 19 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. \v 20 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتى بولدى. \m \v 21 گەرشوندىن لىبنىلارنىڭ جەمەتى بىلەن شىمەيلەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. \v 22 بارلىق ئەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلىرىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىرى جەمئىي يەتتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. \v 23 گەرشوننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرەپتە بارگاھ قۇردى؛ \v 24 گەرشون جەمەتىنىڭ ئەمىرى لائەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. \v 25 گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە،\f □ \fr 3:25 \ft \+bd « چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تۇرالغۇ ئۆزى ۋە چېدىرنى» ــ مەنىسى چوقۇم تەرجىمىمىزدەك بولۇشى كېرەك. «مىس.» 1:25-13نى كۆرۈڭ.\f* \v 26 شۇنداقلا ھويلا ئەتراپىدىكى پەردىلەر، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى ‹ھويلا پەردىلىرى ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تۇراتتى› ۋە ھويلىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تانىلارغاقاراش ئىدى. \m \v 27 كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. \v 28 بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانى بويىچە، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلار جەمئىي سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئادەم بولۇپ چىقتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولدى. \v 29 كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى جامائەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. \v 30 كوھات جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. \v 31 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى. \m \v 32 لاۋىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولسا كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئۇ مۇقەددەسخانىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان بولدى. \m \v 33 مەرارىدىن ماھلى جەمەتى بىلەن مۇشى جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار مەرارىنىڭ جەمەتلىرى بولدى. \v 34 بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئالتە مىڭ ئىككى يۈز كىشى چىقتى. \v 35 مەرارىنىڭ جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئابىھايىلنىڭ ئوغلى زۇرىيەل بولدى؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بارگاھ قۇردى. \v 36 مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرىغا، تەگلىكلىرى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلىرىغا قاراش، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، \v 37 شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇق ۋە تانىلارغا مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلەنىدى. \m \v 38 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم \add مۇقەددەس\add* جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى.\x + \xo 3:38 \xt چۆل. 3‏:10؛ 16‏:40\x* \m \v 39 مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق لاۋىيلار، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى بىر ئايلىقتىن يۇقىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركەكلەر جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ چىقتى. \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خۇداغا ئاتىلىشى \m \v 40 پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق. \v 41 سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى. \m \v 42 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى. \v 43 بىر ئايلىقتىن يۇقىرى تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى چىقتى. \m \v 44 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \v 45 سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \v 46 ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛\f □ \fr 3:46 \ft \+bd «ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى»\+bd* ــ «ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى»نىڭ سانى 22273 (43-ئايەت) «لاۋىيلارنىڭ» بولسا 22000 ئىدى (39-ئايەت)، ئەمدى «لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرى»نىڭ سانى 273 ئادەم ئىدى.\f* \v 47 شۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بەش شەكەل كۈمۈش ئال، كىشى سانىغا قاراپ بولسۇن؛ مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچەۇلاردىن ئالغىن ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر›.\f □ \fr 3:47 \ft \+bd «بىر شەكەل»\+bd* ــ تەخمىنەن 11.4 گرام بولۇشى مۇمكىن، بەش شەكەل 57 گرام. \+bd «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى»\+bd* ــ «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ، مۇقەددەس جايدا ساقلاقلىق، مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەملەردىن بىرى بولۇشى كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 3:47 \xt مىس. 30‏:31؛ لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 18‏:16؛ ئ‍ەز. 45‏:12\x* \v 48 ئارتۇق چىققان ئادەملەرنىڭ، يەنى ھۆرلۈك ھەققىنى تۆلىشى كېرەك بولغانلارنىڭ كۈمۈشىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەر. \m \v 49 ئەمدى لاۋىيلار تەرىپىدىن «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان» دەپ ھېسابلانغان تۇنجى ئوغۇللاردىن ئارتۇق چىققانلاردىن بولسا، مۇسا ئۇلاردىن شۇ ھۆرلۈك ھەققىنى ئالدى؛ \v 50 ئۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى.\f □ \fr 3:50 \ft \+bd «بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل»\+bd* ــ تەخمىنەن 16.4 كىلوگرام.\f* \v 51 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان»لارنىڭ كۈمۈشىنى دەل پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردى. \b \b \m \c 4 \s1 كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 سەن لاۋىيلار ئىچىدىن ئاتا جەمەتى بويىچە كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تىزىملىغىن، \v 3 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاپ چىق.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغانلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغان قوشۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 4 كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بولىدۇ. \v 5 بارگاھكۆچۈرۈلىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ «\add ئەڭ مۇقەددەس جاي\add*»دىكى «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى يۆگىسۇن؛ \v 6 ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىنى دېلفىننىڭ تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە كۆك بىر رەختنى يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزسۇن.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «دېلفىننىڭ تېرىسى»\+bd* ــ ياكى «دېڭىز ئېيىقىنىڭ تېرىسى» ياكى «بورسۇقنىڭ تېرىسى».\f* \v 7 تەقدىم نان \add تىزىلغان\add* شىرەگە كۆك بىر رەخت سېلىنىپ، ئۈستىگە لېگەن، تەخسە، پىيالە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى چاچىدىغان قەدەھلەر تىزىپ قويۇلسۇن؛ شىرەدىمۇ «دائىمىي نان» تىزىلىپ تۇرىۋەرسۇن؛\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «تەقدىم نان شىرەسى»\+bd* ــ ياكى «ھۇزۇرىي نان شىرەسى» («خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نان»لار) ــ مۇشۇ يەردە پەقەت «خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى شىرە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. نانلار ۋە ئالتۇن شىرە توغرۇلۇق «مىس.» 23:25-30 ۋە «لاۋ.» 5:24-9نى كۆرۈڭ. \+bd «دائىمىي نان»\+bd* ــ «تەقدىم نان»نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى.\f*  \x + \xo 4:7 \xt مىس. 25‏:30\x* \v 8 بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستى قىزىل رەخت بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىلىپ، ئاندىن كۆتىرىدىغان بالداقلار ئۆتكۈزۈپ قويۇلسۇن. \v 9 ئۇلار كۆك رەخت ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چىراغدان بىلەن ئۈستىدىكى چىراغلارنى، پىلىك قىسقۇچلارنى، كۈلدانلارنى ۋە چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان، بارلىق ماي قاچىلايدىغان قاچىلارنى يېپىپ قويسۇن.\x + \xo 4:9 \xt مىس. 25‏:38،31\x* \v 10 ئۇلار يەنە چىراغدان بىلەن چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان ھەممە قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى دېلفىن تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. \m \v 11 ئالتۇن خۇشبۇيگاھقا كۆك بىر رەخت سېلىپ، يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرگۈچكە قوش بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن.\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «ئالتۇن خۇشبۇيگاھ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالتۇن قۇربانگاھ».\f* \v 12 مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچىلارنى كۆك بىر رەخت بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئۈستىگە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن بىر ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. \m \v 13 ئۇلار قۇربانگاھنى كۈلىدىن تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك بىر رەختنى يېيىپ قويسۇن. \v 14 ئاندىن يەنە قۇربانگاھتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار —كۈلدان، ئىلمەك، بەلگۈرجەك، چىنىلەر، شۇنداقلا بارلىق ئەسۋابلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە تىزىپ، ئاندىن دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. \m \v 15 پۈتۈن بارگاھتىكىلەر يولغا چىقىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جاي ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ كۆتۈرسۇن؛ لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيۇملارغا قول تەگكۈزمىسۇن. جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن شۇلارنى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. \m \v 16 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنىڭ ۋەزىپىسى چىراغ مېيى، خۇشبۇي ئەتىر، دائىمىي تەقدىم قىلىنىدىغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن مەسىھلەش مېيىغا قاراش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر، مۇقەددەس جاي ھەم مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا قاراشتىن ئىبارەت.\x + \xo 4:16 \xt مىس. 29‏:40؛ 30‏:35،34،24،23\x* \m \v 17 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 18 سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛ \v 19 بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆلمەي، ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇلار «ئەڭ مۇقەددەس» بۇيۇملارغا يېقىنلاشقان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسۇن؛ \v 20 ئۇلار پەقەت مۇقەددەس جايغا كىرگەندە مۇقەددەس بۇيۇملارغا بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن، ئۇنداق قىلىپ قويسا ئۆلۈپ كېتىدۇ.\f □ \fr 4:20 \ft \+bd «ئۇلار پەقەت ... بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن»\+bd* ــ دېمەك، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى كاھىنلار مۇقەددەس بۇيۇملارنى يېپىۋاتقان ۋاقىتتا مۇقەددەس چېدىرغا كىرمەسلىكى كېرەك، پەقەت بۇيۇملار يېپىلغاندىن كېيىن كىرىشكە بولىدۇ.\f* \b \m \s1 گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 21 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 22‏-23 گەرشون ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئاتا جەمەتى ۋە ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال.\f □ \fr 4:22‏-23 \ft \+bd «خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «جەڭگە چىقالايدىغان قوشۇندىكىلەر» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىچكى مەنىسى، شۈبھىسىزكى، كاھىنلارنىڭ مۇقەددەس جايدا ئىسرائىل ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا روھىي ۋەكىل بولۇشى ئىسرائىللار ئۈچۈن جىن-شەيتانلار بىلەن روھىي ئۇرۇش خىزمىتى قىلغانغا باراۋەر.\f* \v 24 گەرشون ئائىلىلىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ۋە ئۇلار كۆتۈرىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: \v 25 — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئۆزىنى، يەنى ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ ياپقۇچىنى، شۇنداقلا ئۈستىگە ياپقان دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى ۋە جامائەت چېدىرىنىڭكىرىش ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى،\f □ \fr 4:25 \ft \+bd «ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تۇرالغۇنىڭ پەردىلىرى ۋە جامائەت چېدىرى». مەنىسى چوقۇم تەرجىمىمىزدەك بولىدۇ. چېدىرنىڭ تۆت قەۋەت يوپۇقى بار ئىدى؛ (1) ئىچكى پەردىلىرى؛ (2) ئۆچكە تېرىلىرى؛ (3) قىزىل بۇيالغان قوچقار تېرىلىرى؛ (4) دېلفىن تېرىلىرى. بەزى ۋاقىتلاردا 2-قەۋىتى، يەنى ئۆچكە تېرىسىدىن ئېتىلگەن پەردىلەر «جامائەت چېدىر»نىڭ ئۆزى دەپ ھېسابلىناتتى. «مىس.» 1:25-15نى كۆرۈڭ.\f* \v 26 ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تارتىلغان ھويلىدىكى پەردىلەر بىلەن كىرىش دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى، شۇلارغا خاس تانىلىرىنى ۋە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرسۇن؛ بۇ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلسۇن. \v 27 گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىپىسى، يەنى ئۇلار كۆتۈرىدىغان ۋە بېجىرىدىغان بارلىق ئىشلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ نېمە كۆتۈرىدىغانلىقىنى سىلەر بەلگىلەپ بېرىڭلار. \v 28 گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە قىلىدىغان خىزمىتى شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. \b \m \s1 مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 29 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ، ئۇلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈز؛ \v 30 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال.\f □ \fr 4:30 \ft \+bd «خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلار»\+bd* ــ 23-ئايەتنى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 31 ئۇلارنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى، يەنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇنداق: — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، \v 32 ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلار، ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇقلىرى، تانالىرى، بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ھەم شۇلارغا كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش بولسۇن؛ ئۇلار كۆتۈرىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى نامىنى ئاتاپ بىر-بىرلەپ ھەر ئادەمگە كۆرسىتىپ بېرىڭلار. \v 33 مەرارى جەمەت-ئائىلىلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدە قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى ئەنە شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى \m \v 34‏-35 مۇسا بىلەن ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزدى.\f □ \fr 4:34‏-35 \ft \+bd «سېپىگە كىرەلەيدىغانلار»\+bd* ــ 23-ئايەتنى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 39-، 43-ئايەتتە ئوخشاش سۆزلەر تېپىلىدۇ.\f* \v 36 ئۇلاردىن جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ چىقتى. \v 37 مۇشۇلار كوھات جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. \m \v 38‏-39 گەرشونلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ \v 40 ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولۇپ چىقتى. \v 41 مۇشۇلار گەرشون جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. \m \v 42‏-43 مەرارىلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ \v 44 ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولۇپ چىقتى. \v 45 مۇشۇلار مەرارى جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. \m \v 46‏-47 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار مانا شۇلار ئىدى؛ مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە يۈك كۈتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرەلەيدىغانلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەن. \v 48 ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي سەككىز مىڭ بەش يۈز سەكسەن ئادەم بولۇپ چىقتى. \v 49 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار مۇسا تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ ھەركىم ئۆزى قىلىدىغان ئىشى ۋە كۆتۈرىدىغان يۈكىگە ئاساسەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك بولدى. \b \b \m \c 5 \s1 ناپاكلارنى بارگاھتىن ئايرىش كېرەك \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \v 2‏-3 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى.\f □ \fr 5:2‏-3 \ft \+bd «پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار»\+bd* ــ «لاۋ.» 13-بابنى، 15-باب 16-، 19-، 25-، 31-ئايەتنى كۆرۈڭ. \+bd «بۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان...»\+bd* ــ مەسىلەن، ئۇرۇق-تۇغقىنىنى دەپنە قىلىشى بىلەن. \+bd «بارگاھلار»\+bd* ــ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز بارگاھلىرى، دېمەكچى.\f*  \x + \xo 5:2‏-3 \xt لاۋ. 13‏:3، 46؛ 15‏:2؛ 21‏:1 \x* \m \v 4 ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلدى. \b \m \s1 تۆلەم تۆلەش نىزامى — «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى» ۋە قوشۇمچە تۆلەم \m \v 5 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 6 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە،\x + \xo 5:6 \xt لاۋ. 5‏:21، 22\x* \v 7 ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا ئىقرار قىلىپ، ئىتائەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشى كېرەك ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇ كىشىگە يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈشنى قوشۇپ تۆلەپ بەرسۇن.\x + \xo 5:7 \xt لاۋ. 5‏:24\x* \v 8 زىيانلانغۇچىنىڭ مۇبادا ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنى ئالغۇدەك تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەم پۇلى گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كافارىتىگە سۇنۇلىدىغان قوشقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا بېرىلسۇن.\x + \xo 5:8 \xt لاۋ. 5‏:21-26\x* \v 9 شۇنىڭدەك ئىسرائ‍ىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن. \v 10 ھەركىم خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلەر مۇقەددەس دەپ ھېسابلانسۇن، شۇنداقلا كاھىننىڭ بولسۇن؛ كىشىلەر كاھىنغا نېمە ھەدىيە قىلسا، ئۇنىڭ ھەممىسى كاھىننىڭ بولسۇن.\x + \xo 5:10 \xt لاۋ. 10‏:12\x* \b \m \s1 زىنا قىلدى دەپ ئەرز قىلىنغان خوتۇننى سىناش ئۇسۇلى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نىزامى \m \v 11 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 12 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، \v 13 — دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا، \v 14 — شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا› \v 15 ئەھۋالىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئادەم خوتۇنىنى كاھىننىڭ يېنىغا ئەكەلسۇن ھەم خوتۇنى ئۈچۈن زۆرۈر ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى ئارپا ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئالغاچ كەلسۇن؛ شۇ ھەدىيەنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچ زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ھېچ مەستىكى قوشۇپ قويمىسۇن؛ چۈنكى بۇ كۈنداشلىق ھەدىيەسى، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىگە بولغان ئەسلەتمىدۇر.\f □ \fr 5:15 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* — تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر ئىدى.\f* \m \v 16 كاھىن ئۇ خوتۇننى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزسۇن. \v 17 كاھىن كومزەككە مۇقەددەس سۇدىن قۇيۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سۇغا چېچىپ قويسۇن.\f □ \fr 5:17 \ft \+bd «مۇقەددەس سۇ»\+bd* ــ «يۇيۇنۇش دېسى»دىن ئېلىنغان سۇ بولسا كېرەك.\f* \v 18 كاھىن ئۇ خوتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇپ، بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنداشلىق ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن، ئاندىن كاھىن قولىغا قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئالسۇن. \v 19 كاھىن ئۇ خوتۇنغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭغا «دەرۋەقە سەن ھېچقانداق ئادەم بىلەن بىللە ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشقا ئېزىپ بۇزۇقلۇق قىلمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىدىن خالاس بولغايسەن.\f □ \fr 5:19 \ft \+bd «ئېرىڭنىڭ ئورنىدا»\+bd* ــ بۇ دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئېرىڭنىڭ ئەمرى ئاستىدا تۇرۇپ».\f* \v 20 لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، —» دېسۇن؛ \v 21‏-22 ئاندىن كاھىن ئۇ خوتۇنغا قارغىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا: «ــ پەرۋەردىگار يوتاڭنى يىگلىتىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقىڭ ئىچىدە قارغىش ۋە قەسەم ئىچىش دەستىكىگە ئايلاندۇرسۇن؛ بۇ قارغىش سۈيى ئىچ-قارنىڭغا كىرىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، يوتاڭنى يىگىلىتىۋەتسۇن» دېگەندە، ئۇ خوتۇن: «ئامىن، ئامىن» دېسۇن. \m \v 23 شۇنىڭدەك كاھىن بۇ قارغىش سۆزلىرىنى دەپتەرگە پۈتۈپ قويسۇن، شۇنداقلا يازغان سۆزلەرنى ئەلەم سۈيىگە چىلىسۇن، \v 24 ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئىچكۈزسۇن، بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم بولىدۇ. \v 25 كاھىن ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىن كۈنداشلىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانگاھقا ئېلىپ كەلسۇن. \v 26 كاھىن ھەدىيەدىن بىر سىقىم ئۇن ئېلىپ، خاتىرە ھېسابىدا قۇربانگاھقا قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ سۇنى ئىچكۈزسۇن. \m \v 27 كاھىن ئەمدى ئۇ خوتۇنغا سۇنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇھەقىقىي بۇلغانغان بولۇپ، ئۆز ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ قارغىش سۈيى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىشقا كېتىدۇ. \v 28 لېكىن ئەگەر ئۇ خوتۇن بۇلغانمىغان پاك بولسا، شۇ ئىشتىن خالاس بولىدۇ ۋە ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولىدۇ. \m \v 29 مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا\f □ \fr 5:29 \ft \+bd «ئېرىڭنىڭ ئورنىدا»\+bd* ــ بۇ دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئېرىنىڭ ئەمرى ئاستىدا تۇرۇپ».\f* \v 30 ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن. \v 31 ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ.\f □ \fr 5:31 \ft \+bd «خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ گۇناھى بار بولسا، ئەلۋەتتە. بۇ قانۇندا ئەر بىلەن خوتۇنغا نىسبەتەن بىرەر باراۋەرسىزلىك بارمۇ؟ مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 6 \s1 «نازارىيلار»نىڭ نىزامى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، «ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، نازارىيلاردىن بولىمەن» دېگەن ئالاھىدە بىر قەسەمنى ئىچكەن بولسا،\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «نازارىي»\+bd* ــ «نازارىي» دېگەن سۆز «(خۇداغا) ئاتىغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 3 ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن ئايرىپ پەرھىز تۇتسۇن؛ ھاراق-شاراب بىلەن ئىشلەنگەن سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن ياكى ھەرقانداق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈملەرنىمۇ يېمىسۇن. \v 4 ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بارلىق كۈنلەردە، ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى، مەيلى ئۈزۈم ئۇرۇقى بولسۇن، پوستى بولسۇن، ئۇلارنى يېيىشكە بولمايدۇ.\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «نازارىي بولىمەن»\+bd* ــ «نازارىي بولىمەن» دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر ئۆزىنى مەلۇم بىر مۆھلەتتە ياكى ئۆمۈرۋايەت خۇداغا ئاتايدۇ (مەسىلەن، «ھاك.» 5:13، «لۇقا» 15:1نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 5 ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم دەپ قەسەم قىلغان كۈنلىرىدە، ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلەر ئۆتۈپ بولمىغۇچە، ئۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك»\+bd* ــ بۇ ئىشتا (ئا) ماتەم بىلدۈرۈشتە چاچلىرىنى چۈشۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛ (ئە) ئۆزىگە بىرخىل نومۇسلۇق كەلتۈرىدۇ (چۈنكى ئۇ ئايالدەك كۆرۈنىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قەسەم ئىچىپ خۇداغا ئاتىغانلىقىنى ھەممە ئادەمگە ئايان بولىدۇ.\f*  \x + \xo 6:5 \xt ھاك. 13‏:5؛ 1سام. 1‏:11\x* \v 6 ئۇ قەسەم ئىچكەن بارلىق كۈنلىرىدە ھېچقانداق ئۆلۈكلەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ.\f □ \fr 6:6 \ft \+bd «ئۆلۈكلەر»\+bd* ــ بۇ سۆز ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 7 ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنى دەپ ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى بېشىدا پەرۋەردىگارغىلا خاس بولىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، كىم بىر جەسەتكە تەگكەن بولسا ۋاقىتلىق «ناپاك» دەپ ھېسابلىنىدۇ (ئۇنىڭ مۇقەددەس جايغا يېقىنلىشىشىغا ياكى قۇربانلىق قىلىشىغا بولمايتتى. «لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» 2:5-3، 11-بابنى كۆرۈڭ). \+bd «بېشىدا... بەلگىسى بولىدۇ»\+bd* ــ ئۇزۇن چاچلىرى، دېمەك.\f* \v 8 ئۆزىنى خۇداغا ئاتىۋەتكەن بارلىق كۈنلەردە ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا مۇقەددەس بولۇپ تۇرسۇن. \m \v 9 مۇبادا بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىپ، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقنىڭ بەلگىسى بولغان بېشى بۇلغانغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى پاكلاش كۈنى ۋە كېيىنكى يەتتىنچى كۈنىمۇ چېچىنى ئالدۇرسۇن. \v 10 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەكنى ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كاھىنغا تاپشۇرسۇن. \v 11 كاھىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئۆلۈك سەۋەبىدىن ناپاك بولۇپ قالغان گۇناھىنى تىلەپ كافارەت قىلسۇن؛ نازارىي شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆز بېشىنى قايتىدىن مۇقەددەس-پاك قىلسۇن، \v 12 ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنى يېڭىۋاشتىن باشلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن؛ ئىلگىرىكى كۈنلىرى بولسا ئىناۋەتسىز ھېسابلانسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى \add پەرۋەردىگارغا\add* ئاتىغان ھالىتى بۇلغانغان. \m \v 13 نازارىيلاردىن بىرى ئۆزىنى \add پەرۋەردىگارغىلا\add* ئاتىغان كۈنلەر توشقان كۈنىدە ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق: ــ كىشىلەر ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكەلسۇن؛ \v 14 ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق چىشى بېجىرىم بىر قوزىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوشقارنى كەلتۈرسۇن، \v 15 شۇنداقلا بىر سېۋەت پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ھەمدە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە شۇ قۇربانلىقلارنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كەلتۈرسۇن.\f □ \fr 6:15 \ft \+bd «توقاچلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 16 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ، نازارىينىڭ شۇ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنسۇن؛ \v 17 ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوشقارنى سۇنسۇن، ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سېۋەت پېتىر ناننى سۇنسۇن؛ كاھىن شۇلار بىلەن تەڭ نازارىي قوشۇپ تەقدىم قىلغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ سۇنسۇن. \v 18 نازارىي جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقىغا بەلگە قىلىپ قويۇۋەتكەن چېچىنى چۈشۈرۈپ، چېچىنى ئېلىپ ئىناقلىق قۇربانلىقى ئاستىدىكى ئوتقا قويسۇن.\x + \xo 6:18 \xt روس. 21‏:24\x* \v 19 نازارىي شۇ تەرىقىدە ئۆزىنى پەرۋەردىگارغىلا ئاتىغانلىق چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كاھىن قايناپ پىشىرىلغان قوشقارنىڭ بىر ئالدى قولىنى ھەم سېۋەتتىن بىر پېتىر نان بىلەن بىر پېتىر ھەمەك ناننى ئېلىپ كېلىپ نازارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن. \v 20 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆرۈسۇن؛ بۇلار پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئالدى قول بىلەن قوشۇلۇپ، مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىپ كاھىنغا بېرىلسۇن؛ ئاندىن كېيىن نازارىي شاراب ئىچسە بولىدۇ.\x + \xo 6:20 \xt مىس. 29‏:27\x* \m \v 21 شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن. \b \m \s1 كاھىنلارنىڭ بەخت-بەرىكەت تىلەپ قىلغان سۆزى \m \v 22 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 23 سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: — \m \v 24 «پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي، سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي؛ \m \v 25 پەرۋەردىگار يۈزىنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردە يورۇتۇپ، سىلەرگە شاپائەت قىلغاي؛ \m \v 26 پەرۋەردىگار يۈزىنى ئۈستۈڭلارغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، \m سىلەرگە خاتىرجەملىك بەرگەي!» ــ دەپ تىلەڭلار. \m \v 27 ئۇلار شۇنداق قىلىپ نامىمنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئۈستىگە قوندۇرىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. \b \b \m \c 7 \s1 ھەرقايسى قەبىلە ئەمىرلىرىنىڭ ھەدىيەلىرى \m \v 1‏-2 مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكلىگەن كۈنى، ئۇ چېدىرنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلار، قۇربانگاھ ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلىرىنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى؛ شۈ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولغان، قەبىلە ئەمىرلىرى كېلىپ ھەدىيەلەرنى سۇندى؛ شۇ قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشىغا نازارەت قىلغۇچىلار ئىدى.\f □ \fr 7:1‏-2 \ft \+bd «ئىبادەت چېدىرى تىكلەش»\+bd* قاتارلىق ئىشلار «مىس.» 40-باب، 17-34-ئايەتلەردە تەسۋىرلىنىدۇ. دېمەك، «شۇ كۈنى»دىكى ئىشلار «چۆل.» 1-6-بابلاردىكى ئىشلاردىن ئاۋۋال، شۇنداقلا «لاۋ.» 11:8تىكى ئىشلاردىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.\f*  \x + \xo 7:1‏-2 \xt مىس. 40‏:18\x* \v 3 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلىشتى، كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەدىيەلەر جەمئىي بولۇپ ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى ئۆكۈزدىن ئىبارەت ئىدى؛ ھەر ئىككى ئەمىر بىرلىشىپ بىردىن سايىۋەنلىك ھارۋا، ھەربىر ئەمىر بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار بۇ ھەدىيەلەرنى چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشتى. \v 4 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ \m \v 5 جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگەبەرگىن، — دېدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا بىلەن ئۆكۈزلەرنى قوبۇل قىلىپ لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. \v 7 ئۇ گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈز بەردى. \v 8 مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈز بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارغا قارايتتى؛ \v 9 لېكىن ئۇ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغاھېچنېمە بەرمىدى؛ چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى؛ دېمەك، ئۇلار مەسئۇل بولغان نەرسىلەرنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرەتتى.\f □ \fr 7:9 \ft \+bd «مۇقەددەس نەرسىلەر»\+bd* — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مۇقەددەس جاي».\f* \m \v 10 قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنى، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا ئەمىرلەر سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇشتى. \v 11 پەرۋەردىگار مۇساغا: — \m ئۇلار قۇربانگاھنى بېغىشلاش يولىدا ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن؛ ھەربىر ئەمىر ئۆز كۈنىدە سۇنسۇن، — دېدى. \m \v 12 بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولدى. \v 13 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛\f □ \fr 7:13 \ft \+bd «شەكەل»\+bd* كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا 130 شەكەل 1.5 كىلوگرام، 70 شەكەل 0.8 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن. \+bd «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە»\+bd* — 47:3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 14 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 15 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 16 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 17 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 18 ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئىسساكارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولدى. \v 19 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 20 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 21 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 22 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 23 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 24 ئۈچىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى زەبۇلۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولدى. \v 25 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 26 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 27 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 28 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 29 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 30 تۆتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى رۇبەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولدى. \v 31 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 32 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 33 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 34 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 35 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 36 بەشىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى شىمېئون ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولدى. \v 37 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 38 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 39 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 40 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 41 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 42 ئالتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى گاد ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولدى. \v 43 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 44 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 45 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 46 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 47 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 48 يەتتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولدى. \v 49 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 50 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 51 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 52 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 53 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 54 سەككىزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ماناسسەھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولدى. \v 55 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 56 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 57 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 58 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 59 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 60 توققۇزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى بېنيامىن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولدى. \v 61 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 62 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 63 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 64 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 65 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 66 ئونىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى دان ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولدى. \v 67 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 68 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 69 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 70 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 71 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 72 ئون بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولدى. \v 73 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 74 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 75 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 76 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 77 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 78 ئون ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى نافتالى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولدى. \v 79 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ \v 80 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ \v 81 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ \v 82 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ \v 83 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. \m \v 84 قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىل ئەمىرلىرى قۇربانگاھقا سۇنغان ھەدىيەلەر: — جەمئىي ئون ئىككى كۈمۈش لېگەن، ئون ئىككى كۈمۈش داس، ئون ئىككى ئالتۇن پىيالە بولدى، \v 85 ھەربىر كۈمۈش لېگەننىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل، ھەربىر كۈمۈش داسنىڭ ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل ئىدى؛ مۇشۇ قاچا-قۇچىغا كەتكەن كۈمۈش مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، جەمئىي ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى؛ \v 86 خۇشبۇي بىلەن تولدۇرۇلغان ئالتۇن پىيالە ئون ئىككى بولۇپ، مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، ھەربىر ئالتۇن پىيالىنىڭ ئېغىرلىقى ئون شەكەل چىقتى؛ بۇ ئالتۇن پىيالىلەرنىڭ ئالتۇنى جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە شەكەل چىقتى؛ \v 87 كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن بولغان ماللار: — جەمئىي ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار، ئون ئىككى بىر ياشلىق ئەركەك قوزا ئىدى، ھەربىرى تېگىشلىك ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن بىللە سۇنۇلدى؛ ئون ئىككى تېكە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلدى؛ \v 88 ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن سۇنۇلغىنى جەمئىي يىگىرمە تۆت بۇقا، ئاتمىش قوچقار، ئاتمىش تېكە، بىر ياشلىق ئاتمىش ئەركەك قوزا ئىدى. قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلىنىپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر مانا مۇشۇلار. \m \v 89 مۇسا \add پەرۋەردىگار\add* بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى.\f □ \fr 7:89 \ft \+bd «پەرۋەردىگار بىلەن»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بىلەن». \+bd «پەرۋەردىگار شۇ يولدا...»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ شۇ يولدا...».\f* \b \b \m \c 8 \s1 ئالتۇن چىراغدان \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \m \v 2 سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، — دېدى.\x + \xo 8:2 \xt مىس. 25‏:37\x* \m \v 3 ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ ئۇ چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، چىراغ نۇرىنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. \s1 لاۋىيلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمىتىگە ئاتاپ پاكلىنىپ ئايرىلىشى \m \v 4 چىراغداننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇ ئالتۇندىن بولقا بىلەن سوقۇپ ياسالغان، پۇتىدىن گۈللىرىگىچە بولقا بىلەن سوقۇپ چىقىرىلغان. پەرۋەردىگار مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدەك، ئۇ چىراغداننى شۇنداق ياساتتى.\x + \xo 8:4 \xt مىس. 25‏:31\x* \b \m \v 5 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \m \v 6 سەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن. \v 7 ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق قىل: «كافارەت سۈيى»نى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاچقىن؛ ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرسۇن، كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆزىنى پاك قىلسۇن.\f □ \fr 8:7 \ft \+bd «كافارەت سۈيى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گۇناھ سۈيى» ياكى «گۇناھدىن پاكلاش سۈيى». بۇ سۇ 19-بابتا تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ.\f* \v 8 ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق بىلەن شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، يەنى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇننى كەلتۈرسۇن؛ سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈر. \v 9 سەن لاۋىيلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى يىغىپ كەل؛ \v 10 لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. \v 11 ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن.\f □ \fr 8:11 \ft \+bd «ھەدىيە قىلسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىرغاڭلاتسۇن».\f* \v 12 لاۋىيلار قوللىرىنى ھېلىقى ئىككى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ سەن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى بولسۇن، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، لاۋىيلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ پەرۋەردىگارغا سۇنغىن.\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «سەن ... پەرۋەردىگارغا سۇنغىن»\+bd* ــ تەۋرات بويىچە، بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى كاھىننىڭ ئورنىدا بىردىنبىر قۇربانلىق قىلغان ۋاقتى ئىدى.\f* \v 13 سەن ئاندىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىل. \m \v 14 لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائ‍ىللاردىن ئايرىپ چىق.\x + \xo 8:14 \xt چۆل. 3‏:45\x* \v 15 ئاندىن لاۋىيلار كىرىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پاكلاندۇر، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىل. \v 16 چۈنكى ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر. \v 17 چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم.\x + \xo 8:17 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ 34‏:19؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 3‏:13؛ لۇقا 2‏:23\x* \v 18 مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر.\x + \xo 8:18 \xt چۆل. 3‏:12\x* \v 19 ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ \add گۇناھىنى تىلەپ\add* كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائ‍ىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم. \v 20 مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائ‍ىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. \v 21 لاۋىيلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنى \add گۇناھتىن\add* پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىدى؛ ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلدى؛ ھارۇن يەنە ئۇلارنى پاكلاشقا \add گۇناھىنى تىلەپ\add* كافارەت قىلدى. \v 22 ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى. \m \v 23 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 24 لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: — يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛\f □ \fr 8:24 \ft \+bd «سەپكە كىرسۇن»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «جەڭ ئۈچۈن قوشۇنغا كىرسۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 23:4نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن سەپتىن چېكىنىپ شۇ خىزمەتنى قىلمىسۇن؛ \v 26 لېكىن ئۇلار جامائەت چېدىرى ئىچىدە قېرىنداشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا بولىدۇ، ئەمما چېدىردىكى رەسمىي ۋەزىپىدە بولمىسۇن. لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۇلارغا ئەنە شۇنداق قىل. \b \b \m \c 9 \s1 سىناي چۆل-باياۋىنىدا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش \m \v 1 مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا بۇيرۇپ: — \m \v 2 ئىسرائ‍ىللار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن؛\x + \xo 9:2 \xt مىس. 12‏:1-28؛ لاۋ. 23‏:5؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:2\x* \v 3 يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى.\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «گۇگۇم»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك شەپەق ۋاقتى، «كۈن پېتىش» ۋە قاراڭغۇلۇق ئارىلىقىدا بولغان ۋاقىت.\f* \v 4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. \v 5 ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلدى.\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «گۇگۇم»\+bd* — 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 6 بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: — \m \v 7 بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ — دېيىشتى. \m \v 8 — توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پەرۋەردىگار سىلەر توغراڭلاردا نېمە بۇيرۇيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي، ــ دېدى مۇسا ئۇلارغا. \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 10 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆلۈكلەرگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇزاق سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.\f □ \fr 9:10 \ft \+bd «ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ»\+bd* — ياكى «ئۇ يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ».\f* \v 11 ئۇنداق كىشىلەر ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن؛ \add ھېيت تائامىنى\add* پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېسۇن؛\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «گۇگۇم»\+bd* — 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 12 ئۇلاردىن ئەتىگە ئازراقمۇ قالدۇرمىسۇن ۋە \add قوزىسىنىڭ\add* ئۇستىخانلىرىدىن بىرەرسىنىمۇ سۇندۇرغۇچى بولمىسۇن؛ ئۇلار ھېيتنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن.\f □ \fr 9:12 \ft \+bd ««ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دىكى قوزا»\+bd* — «مىس.» 46:12، «يۇھ.» 36:19نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:12 \xt مىس. 12‏:46؛ يـۇھ. 19‏:33، 36\x* \v 13 ھالبۇكى، پاك بولغان، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەمما ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئېتىبار بەرمىگەن كىشى بولسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنىنى سۇنمىغانلىق ىۈچۈن، ئۇ ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.\f □ \fr 9:13 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئادەتتە ئادەمنىڭ خۇدانىڭ بىۋاسىتە جازاسى بىلەن دۇنيادىن كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. «مىس.» 19:12دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 14 ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك بىر مۇساپىر پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزسۇن؛ يات ئەللىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋە زېمىندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈنمۇ ئاراڭلاردا شۇ بىرلا نىزام بولسۇن.\x + \xo 9:14 \xt مىس. 12‏:49\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى چۆل-باياۋاندا ئۆز بۇلۇتى ۋە ئوتى بىلەن يېتەكلىشى \m \v 15 ئىبادەت چېدىرى تىكلەنگەن كۈنى، بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنى قاپلاپ تۇردى؛ كەچتىن تاكى ئەتىگەنگىچە، بۇلۇت خۇددى ئوتتەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇردى.\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «ئىبادەت چېدىرىنى قاپلىغان بۇلۇت»\+bd* ــ «مىس.» 34:40-38نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:15 \xt مىس. 40‏:34\x* \v 16 دائىم شۇنداق بولاتتى؛ \add كۈندۈزى\add* بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى قاپلاپ تۇراتتى، كېچىسى ئۇ ئوتقا ئوخشايتتى. \v 17 قاچانىكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقاتتى؛ بۇلۇت قەيەردە توختىسا، ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە بارگاھ تىكەتتى. \v 18 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارگاھ تىكەتتى؛ بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق توختىسا، ئۇلار بارگاھتا شۇنچە ئۇزاق تۇراتتى.\x + \xo 9:18 \xt 1كور. 10‏:1\x* \v 19 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە خېلى كۈنلەرگىچە توختاپ تۇرسا، ئىسرائ‍ىللارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتۇپ سەپەرگە چىقمايتتى؛ \v 20 مۇبادا بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە پەقەت بىرنەچچە كۈنلا توختىسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ ۋاقىتتا بارگاھ قۇرۇپ ياتاتتى، ئاندىن يەنە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەپەرگە ئاتلىناتتى. \v 21 ۋە مۇبادا بۇلۇت پەقەتلا كەچتىن ئەتىگەنگىچە توختاپ، ئەتتىگەندە بۇلۇت يەنە كۆتۈرۈلسە، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى؛ مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار سەپەرگە چىقاتتى. \v 22 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرسا، مەيلى ئىككى كۈن، بىر ئاي، بىر يىل تۇرسىمۇ، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقماي بارگاھتا تۇرۇۋېرەتتى؛ لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭسىلا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى.\x + \xo 9:22 \xt مىس. 40‏:36، 37\x* \v 23 پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار بارگاھ قۇراتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇراتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن ئەمرى بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتاتتى. \b \b \m \c 10 \s1 كۈمۈش كاناي چېلىنىش ۋاقىتلىرى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 سەن ئۆزۈڭگە ئىككى كاناي ياساتقىن؛ ئۇلارنى كۈمۈشتىن سوقتۇر. ئۇلار جامائەتنى يىغىشقا، شۇنداقلا جامائەتنى بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. \v 3 ئىككى كاناي چېلىنغاندا پۈتكۈل جامائەت سېنىڭ يېنىڭغا جامائەت چېدىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىدىغان بولسۇن. \v 4 ئەگەر يالغۇز بىرى چېلىنسا، ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىڭبېشىلىرى سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ يىغىلسۇن. \v 5 سىلەر قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا كۈن چىقىش تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن.\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاگاھ ئاۋازى بىلەن».\f* \v 6 ئاندىن سىلەر ئىككىنچى قېتىم قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا جەنۇب تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن؛ ئۇلار يولغا چىققان چاغدا كاناي قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىنىشى كېرەكتۇر. \m \v 7 جامائەتنى يىغىلىشقا چاقىرىدىغان چاغدا، كاناي چېلىڭلار، ئەمما قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالماڭلار؛ \v 8 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى، كاھىن بولغانلار كانايلارنى چالسۇن؛ بۇلار سىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولسۇن.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «بۇلار»\+bd* ــ كانايلار ئۆزلىرى.\f* \v 9 ئەگەر سىلەر ئۆز زېمىنىڭلاردا سىلەرگە زۇلۇم سالغان دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقساڭلار، قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ياد ئېتىلىپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلىسىلەر. \s1 سىنايدىن يولغا چىقىش تەرتىپى \m \v 10 بۇنىڭدىن باشقا، خۇشال كۈنلىرىڭلاردا، بېكىتىلگەن ھېيتلىرىڭلاردا ۋە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە، سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنغىنىڭلاردا، قۇربانلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن \add كانايلار\add* سىلەرنى خۇدايىڭلارغا ئەسلەتكۈچى بولىدۇ؛ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \m \v 11 ئىككىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى بۇلۇت ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى؛\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا ئاتا قىلغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولىدىغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ («مىس.» 20-بابنى كۆرۈڭ). خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، ئۇنىڭ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»ى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇ ئەمرلەر «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىگە پۈتۈلگەن («مىس.» 20:40نى كۆرۈڭ).\f* \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار سىناي چۆلىدىن چىقىپ، يول ئېلىپ سەپەرلىرىنى باشلىدى؛ بۇلۇت پاران چۆلىدە توختىدى. \v 13 بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى. \v 14 يەھۇدا بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ ئالدى بىلەن يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئىدى.\x + \xo 10:14 \xt چۆل. 1‏:7؛ 2‏:3 \x* \v 15 ئىسساكار قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىدى. \v 16 زەبۇلۇن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب ئىدى. \v 17 ئاندىن ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ، گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. \m \v 18 رۇبەن بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئىدى. \v 19 شىمېئون قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل ئىدى. \v 20 گاد قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. \v 21 ئاندىن كوھاتلار مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى؛ ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىبادەت چېدىرىنى \add كۆتۈرگۈچىلەر\add* كېلىپ ئۇنى تىكلەپ قويۇشقانىدى.\x + \xo 10:21 \xt چۆل. 4‏:4\x* \m \v 22 ئەفرائىم بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئىدى. \v 23 ماناسسەھ قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل ئىدى. \v 24 بىنيامىن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئىدى. \m \v 25 دان بارگاھى ھەممە بارگاھلارنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر ئىدى. \v 26 ئاشىر قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل ئىدى. \v 27 نافتالى قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا ئىدى. \m \v 28 بۇلار ئىسرائ‍ىللار يولغا چىققاندا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ مېڭىش تەرتىپى ئىدى؛ ئۇلار شۇ تەرىقىدە يولغا چىقتى. \b \m \s1 مۇسانىڭ قېينئاكىسى ھوبابقا بولغان تەلىپى \m \v 29 مۇسا ئۆزىنىڭ قېيناتىسى، مىدىيانلىق رېئۇئەلنىڭ ئوغلى ھوبابقا: — بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان يەرگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتىمىز، ئۇ: «مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەن؛ ئۆزلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە مېڭىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، بىز سىلىگە ياخشى قارايمىز، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل توغرۇلۇق بەخت-سائادەت ئاتا قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، — دېدى. \m \v 30 لېكىن ھوباب مۇساغا: — ياق، مەن ئۆز يۇرتۇم، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا كېتىمەن، — دېدى. \m \v 31 مۇسا ئۇنىڭغا: بىزدىن ئايرىلىپ كەتمىسىلە؛ چۈنكى سىلى چۆلدە قانداق بارگاھ قۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىلا، سىلى بىزگە كۆز بولۇپ بەرسىلە. \v 32 شۇنداق بولىدۇكى، بىز بىلەن بىللە بارسىلا، كەلگۈسىدە پەرۋەردىگار بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلسا، بىزمۇ سىلىگە شۇنداق قىلىمىز! — دېدى. \m \v 33 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگار تېغىدىن يولغا چىقىپ ئۈچ كۈن يول ماڭدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن يول باشلاپ ماڭدى. \m \v 34 ئۇلار چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىدىغان چاغلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ھامان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولاتتى. \v 35 ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» — دەيتتى.\x + \xo 10:35 \xt زەب. 68‏:1-2\x* \v 36 ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» — دەيتتى. \b \b \m \c 11 \s1 خەلقنىڭ يول بويى غوتۇلدىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشى \m \v 1 ۋە شۇنداق بولدىكى، خەلق غوتۇلدىشاتتى، ئۇلارنىڭ غوتۇلداشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئىنتايىن رەزىل ئاڭلاندى؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوت-يالقۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇتىشىپ، بارگاھنىڭ چېتىدىكى بەزىلەرنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.\x + \xo 11:1 \xt قان. 9‏:22؛ زەب. 78‏:21؛ 106‏:13-18\x* \v 2 خەلق بۇ چاغدا مۇساغا يالۋۇرىۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگاردىن تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئوت پەسىيىپ ئۆچتى. \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇ يەرگە «تابەراھ» دەپ ئات قويدى.\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «تابەراھ»\+bd* ــ «كۆيۈش» دېگەن مەنىدە.\f* \b \m \s1 خەلقنىڭ ئوزۇق توغرۇلۇق غوتۇلداشلىرى \m \v 4 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالغۇت كىشىلەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىسرائ‍ىللارمۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟ \f □ \fr 11:4 \ft \+bd «شالغۇت كىشىلەر»\+bd* ــ بەزىلەر «بىكار تەلەپلەر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن كېيىنكى سۆزلەردىن قارىغاندا، ئۇلار بەلكىم ئىسرائىللاردىن ئايرىم، باشقا بىرنەچچە مىللەتلەردىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 11:4 \xt مىس. 12‏:38؛ 16‏:3؛ زەب. 106‏:14؛ 1كور. 10‏:6\x* \v 5 ھېلىمۇ ئېسىمىزدىكى، بىز مىسىردىكى چاغلاردا پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ بېلىق يېيەلەيتتۇق، يەنە تەرخەمەك، تاۋۇز، پىياز ۋە كۈدە پىياز بىلەن سامساقمۇ بار ئىدى. \v 6 مانا بۇ يەردە ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ماننادىن باشقا ھېچنېمە يوق، ئەمدى بىزنىڭ جېنىمىزمۇ قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىشتى. \m \v 7 ماننا گويا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىغا، كۆرۈنۈشى گويا كەھرىۋاغا ئوخشايتتى.\x + \xo 11:7 \xt مىس. 16‏:14، 31؛ زەب. 78‏:24-25؛ يـۇھ. 6‏:31، 49\x* \v 8 كىشىلەر ئۇيان-بۇيان چېپىپ ئۇنى يىغىپ، بەزىدە يارغۇنچاقتا ئېزىپ، بەزىدە ھاۋانچىدا سوقۇپ، يا بەزىدە قازاندا پىشۇرۇپ نان قىلىپ يەيتتى؛ تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارغا ئوخشايتتى.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارغا ئوخشايتتى»\+bd* ــ ياكى «تەمى تاتلىق زەيتۇن مايغا ئوخشايتتى».\f* \v 9 كېچىدە بارگاھقا شەبنەم چۈشكەندە، ماننامۇ شۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەتتى. \m \v 10 مۇسا خەلقنىڭ ئائىلىمۇ-ئائىلە ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىغا-زار قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى؛ بۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى، بۇ ئىش مۇسانىڭ نەزىرىدىمۇ يامان كۆرۈندى. \v 11 مۇسا پەرۋەردىگارغا: — \m سەن بۇ بارلىق خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ، مەن قۇلۇڭنى نېمىشقا بۇنداق قىينايسەن؛ نېمىشقا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپمايمەن؟ \v 12 يا مەن بۇ پۈتۈن خەلققە ھامىلىدار بولۇپ، ئۇلارنى تۇغدۇممۇ؟ سەن تېخى ماڭا: «سەن ئۇلارنى مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلغان شۇ يەرگە يەتكۈزگۈچە، خۇددى باققان ئاتىسى ئەمچەكتىكى بوۋاقنى باغرىغا ئالغاندەك باغرىڭغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭ» دەۋاتىسەن؟ \v 13 مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە. \v 14 مەن بۇ خەلقنى كۆتۈرۈشنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. \v 15 ئەگەر سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولساڭ، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خاراب ھالىتىمنى ماڭا كۆرسەتمەي، ئىلتىپات قىلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! — دېدى. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا يەتمىش ئاقساقالنى تاللاپ چىقىشنى بۇيرۇشى \m \v 16 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \m ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن. \v 17 مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ سېنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن؛ ۋە سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرۇۋاتقان روھنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بۆلۈپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەن بىلەن بىللە خەلقنى كۆتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاندىن سەن ئۇنى ئۆزۈڭ يالغۇز كۆتۈرمەيدىغان بولىسەن.\f □ \fr 11:17 \ft \+bd «سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرۇۋاتقان روھ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى. 29-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 18 سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «ئەتە گۆش يىيىشكە تەييارلىنىپ ئۆزەڭلەرنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ پاكلاڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ يىغلاپ: «ئەمدى كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ ئاھ، مىسىردىكى ھالىمىز بەك ياخشى ئىدى!» دېگەنىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. \v 19 سىلەر بىر كۈن، ئىككى كۈن ئەمەس، بەش كۈن، ئون كۈن ئەمەس، يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، \v 20 بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار».\x + \xo 11:20 \xt چۆل. 21‏:5 \x* \m \v 21 مۇسا: — مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى: «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛\f □ \fr 11:21 \ft \+bd «يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر»\+bd* ــ ياكى «پىيادە ئەسكەرلەر». 46:1نى كۆرۈڭ.\f* \v 22 ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ — دېدى.\x + \xo 11:22 \xt يـۇھ. 6‏:7 \x* \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ — دېدى.\x + \xo 11:23 \xt يەش. 50‏:2؛ 59‏:1\x* \m \v 24 شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلققە يەتكۈزدى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللاردىن يەتمىش ئادەمنى تاللاپ يىغىپ ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. \v 25 ئاندىن پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىكى روھتىن ئېلىپ يەتمىش ئاقساقالغا قويدى؛ روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئۇلار بېشارەت بېرىشكە كىرىشتى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. \v 26 لېكىن ئۇ چاغدا ئۇلاردىن ئىككى ئادەم بارگاھتا قالدى؛ بىرسىنىڭ ئىسمى ئەلداد، ئىككىنچىسى مېداد ئىدى ‹ئۇلار ئەسلىدە ئاقساقاللارنىڭ ئارىسىدا تىزىملانغانىدى، لېكىن ئىبادەت چېدىرىغا چىقماي قالغانىدى›. روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قوندى ۋە ئۇلار بارگاھ ئىچىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. \v 27 ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا: — \m ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، — دېدى. \v 28 مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ: — \m ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، — دېدى. \v 29 لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى. \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى بارگاھقا قايتىپ كېتىشتى. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ بۆدۈنە چۈشۈرۈشى \m \v 31 ئەمدى پەرۋەردىگار ئالدىدىن بىر شامال چىقىپ، ئۇ دېڭىز تەرەپتىن بۆدۈنىلەرنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا يېيىۋەتتى؛ بۆدۈنىلەر بارگاھنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول، بۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى.\f □ \fr 11:31 \ft \+bd «يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى»\+bd* — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەر يۈزىدىن ئالاھازەل ئىككى گەز ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ كەلدى». \+bd «گەز»\+bd* — مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولىنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى.\f*  \x + \xo 11:31 \xt مىس. 16‏:13؛ زەب. 78‏:26-28\x* \m \v 32 خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتكۈل شۇ كۈنى، شۇ كېچىسى ۋە ئەتىسى پۈتۈن كۈن بۆدۈنە تۇتۇپ يىغدى، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ ئالاھازەل ئىككى خومىر يىغدى؛ ئۇلار بۇلارنى بارگاھنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېيىشتى.\f □ \fr 11:32 \ft \+bd «خومىر»\+bd* — بىر «خومىر» تەخمىنەن مىڭ لىترگە باراۋەر. بۆدۈنىلەرنىڭ يېيىلىشى، شۈبھىسىزكى، گۆشىنى قاقلاش ئۈچۈن ئىدى.\f* \v 33 ئۇلار گۆشنى چايناپ ئېزىپ بولماي، گۆش تېخى چىشلىرى ئارىسىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا بىلەن ئۇردى.\f □ \fr 11:33 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى... ئۇردى»\+bd* — خۇدا نېمىشقا خەلق قاقشىغان ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى دەل بۆدۈنىلەرگە ئېغىز تەگكەندە ئۇلارنى ئۇردى؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلارنى شۇ ئىشتا سىنىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ گۇمانلىنىپ: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟» ــ دېيىشكەنىدى (4-ئايەت). بىراق خۇدا ئۇلارغا كۆز ئالدىدا گۆش بەرگىنى بىلەن، ئۇلار گۇمانىدىن توۋا قىلمىدى ياكى تەشەككۇر ئېيتمىدى.\f*  \x + \xo 11:33 \xt زەب. 78‏:29-31\x* \v 34 شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت-ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى.\f □ \fr 11:34 \ft \+bd «قىبروت-ھاتتاۋاھ»\+bd* — مەنىسى «نەپسانىيەتنىڭ قەبرىلىرى».\f* \v 35 كېيىن خەلق قىبروت-ھاتتاۋاھتىن يولغا چىقىپ ھازىروتقا كېلىپ، ھازىروتتا توختىدى. \b \b \m \c 12 \s1 مەرىيەم بىلەن ھارۇننىڭ مۇساغا قارا چاپلىغانلىقى \m \v 1 مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «ھەبەشلىك»\+bd* ــ «ئېفىئوپىيەلىك» دېگەننىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. تېكىستتە، مۇسانىڭ بىرىنچى ئايالى بولغان زىپپوراھنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى توغرۇلۇق خەۋەر بېرىلمەيدۇ.\f* \v 2 ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى. \v 3 مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. \m \v 4 پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى. \m ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى. \m \v 5 ئاندىن پەرۋەردىگار \add ئەرشتىن\add* بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى. \m \v 6 ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن. \v 7 لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛ \v 8 مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى.\f □ \fr 12:8 \ft \+bd «يۈزمۇ يۈز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېغىزمۇ ئېغىز».\f*  \x + \xo 12:8 \xt مىس. 33‏:11؛ قان. 34‏:10 \x* \m \s1 مەريەمنىڭ ماخاۋ بولۇپ قالغانلىقى \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى. \b \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. \v 11 ھارۇن مۇساغا: — \m ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن. \v 12 ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى. \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى. \m \v 14 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى.\f □ \fr 12:14 \ft \+bd «ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئىبرانىيلار ئارىسىدىكى قەدىمكى بىر ئۆرپ-ئادەتنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى. \v 16 ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى. \b \b \m \c 13 \s1 مۇسانىڭ قانائاننى چارلاپ كېلىشكە ئون ئىككى چارلىغۇچى ئەۋەتىشى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \m \v 2 مەن ئىسرائ‍ىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى. \v 3 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. \m \v 4 تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا، \v 5 شىمېئون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات، \v 6 يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب، \v 7 ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىگال، \v 8 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا، \v 9 بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى، \v 10 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل، \v 11 يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى، \v 12 دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل، \v 13 ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر، \v 14 نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى، \v 15 گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل. \v 16 مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 13:16 \ft \+bd «ھوشىيا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ قۇتقۇزىدۇ»، «يەھوشۇئا» ــ «پەرۋەردىگار (ياھۋەھ) قۇتقۇزىدۇ» دېگەن مەنىدە. «ئەيسا» ئىبرانىي تىلىدا دەل شۇ ئىسىمدۇر.\f* \m \v 17 مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار.\f □ \fr 13:17 \ft \+bd «نەگەۋ چۆلى»\+bd* — «نەگەۋ» دېگەن چۆل پەلەستىننىڭ جەنۇبى تەرىپىدە بولۇپ، مۇشۇ يەردە ۋە كۆپ باشقا يەرلەردە «جەنۇب»نى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 18 ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛ \v 19 ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛ \v 20 ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى. \m بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى. \v 21 ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى. \v 22 ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى.\f □ \fr 13:22 \ft \+bd «جەنۇب»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «نەگەۋ».\f* \v 23 ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى.\f □ \fr 13:23 \ft \+bd «ئەشكول»\+bd* — مەنىسى «ئۈزۈملەر».\f* \v 24 ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«\add ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى\add*»› دەپ ئاتالدى. \m \v 25 ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى. \b \m \s1 چارلىغۇچىلارنىڭ مەلۇماتى \m \v 26 ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. \v 27 ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: — \m بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.\x + \xo 13:27 \xt مىس. 3‏:8؛ 33‏:3\x* \v 28 بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. \v 29 ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى. \m \v 30 كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: — \m بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى. \m \v 31 لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا: \m — ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، — دېيىشتى. \v 32 ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائ‍ىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: \m — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن. \v 33 بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن \add گىگانت\add* ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، — دېدى.\f □ \fr 13:33 \ft \+bd «نەفىلىيلەر»\+bd* — توپاندىن ئىلگىرى پەيدا بولغان گىگانتلار ئىدى. ھەممىسى توپاندا يوقىتىلغان بولغاچقا، چارلىغۇچىلارنىڭ شۇ گېپى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ توقۇغان ئەپسانىلىرى، خالاس. گەرچە «ئاناقىيلار»مۇ گىگانتلار بولسىمۇ («قان.» 1:9-2نى كۆرۈڭ)، ئۇلارنىڭ «نەفىلىيلەر» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. \fp ھالبۇكى، روھىي جەھەتتىن بۇ گىگانتلارنىڭ «نەفىلىيلەر»نىڭ ئەسلىدىكى كېلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن («يار.» 1:6-4).\f* \b \b \m \c 14 \s1 ئىسرائىللارنىڭ تاپا-تەنە قىلىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن بارلىق جامائەت داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ ئۇلار كېچىچە يىغا-زار قىلىشىپ چىقتى. \v 2 ئىسرائ‍ىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! \v 3 پەرۋەردىگار نېمىشقا بىزنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلسۇن، خوتۇن بالا-چاقىلىرىمىز بۇلىنىپ، \add دۈشمەننىڭ\add* ئولجىسى بولسۇن دەپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دەپ غوتۇلداشتى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: — باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، — دېيىشتى. \m \v 5 مۇسا بىلەن ھارۇن پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتتى. \v 6 شۇ يەرنى چارلاپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب كىيىملىرىنى يىرتىپ، \v 7 پۈتۈن ئىسرائىل جامائەتچىلىكىگە: — بىز چارلاپ كېلىشكە ئۆتۈپ بارغان زېمىن ئىنتايىن بەك ياخشى زېمىن ئىكەن. \v 8 ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن سۆيۈنسە، بىزنى شۇ زېمىنغا، يەنى ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ زېمىنغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنى بىزگە بېرىدۇ. \v 9 سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، — دېدى.\x + \xo 14:9 \xt قان. 20‏:3\x* \m \v 10 ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارغا ئايان بولدى. \b \m \s1 خۇدانىڭ جازاسى، مۇسانىڭ خەلق ئۈچۈن نىدا قىلغانلىقى \m \v 11 پەرۋەردىگار مۇساغا: — بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟ \v 12 مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى. \m \v 13 مۇسا بولسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: — \m «بۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ئىشنى مىسىرلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ؛\x + \xo 14:13 \xt مىس. 32‏:12\x* \v 14 ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرگىمۇ ئېيتىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىمۇ سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىڭنى، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز كۆرۈنگەنلىكىڭنى، سېنىڭ بۇلۇتىڭ دائىم ئۇلارغا سايە چۈشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىڭنى ئاڭلىغانىدى.\x + \xo 14:14 \xt مىس. 13‏:21؛ 40‏:38\x* \v 15 ئەمدى سەن بۇ خەلقنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭنى ئاڭلىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى: \v 16 «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۆزى ئۇلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنى ئەشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ قالىدۇ.\x + \xo 14:16 \xt قان. 9‏:28 \x* \v 17 ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ: \v 18 «پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى كەچۈرىدۇ، لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدۇ، ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ» دېگىنىڭدەك قىلغايسەن.\f □ \fr 14:18 \ft \+bd «ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ»\+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «ئەزاكىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (18-، 33-بابلار توغرۇلۇق) كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:18 \xt مىس. 20‏:5؛ 34‏:6؛ قان. 5‏:9؛ زەب. 86‏:15؛ 103‏:8؛ 145‏:8؛ يۇن. 4‏:2\x* \v 19 مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!». \m \v 20 پەرۋەردىگار: — «بوپتۇ، سەن دېگەندەك ئۇلارنى كەچۈردۈم. \v 21 لېكىن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل يەر يۈزى مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولىدۇ. \m \v 22 ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار، \v 23 مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلىپ بېرىمەن دېگەن ئۇ زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ؛ مېنى مەنسىتمىگەنلەردىن بىرىمۇ ئۇ يۇرتنى كۆرەلمەيدۇ.\x + \xo 14:23 \xt قان. 1‏:35، 36 \x* \v 24 لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ.\x + \xo 14:24 \xt يە. 14‏:8، 9\x* \v 25 ‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار \add تاغلىق\add* جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› — ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» — دېدى. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى جازالىشى \m \v 26 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: \m \v 27 — مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ \add توختاۋسىز\add* غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم.\x + \xo 14:27 \xt زەب. 106‏:24-26 \x* \v 28 سەن ئۇلارغا: — پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خەپ، مەن سىلەرگە قۇلىقىمغا كىرگەن سۆزلىرىڭلار بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولسام!\x + \xo 14:28 \xt چۆل. 26‏:65؛ 32‏:11 \x* \v 29 سىلەرنىڭ ئۆلۈكۈڭلار مۇشۇ چۆلدە ياتىدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، يەنى يېشى يىگىرمىدىن ئاشقان، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن سانى بويىچە\x + \xo 14:29 \xt قان. 1‏:35؛ ئىبر. 3‏:17 \x* \v 30 سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ \add قەسەم قىلىپ\add*، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ.\x + \xo 14:30 \xt يە. 14‏:6 \x* \v 31 سىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى «بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەنلەرنى مەن باشلاپ كىرىمەن، ئۇلار سىلەر كەمسىتكەن ئۇ زېمىندىن بەھرىمەن بولىدۇ. \v 32 بىراق سىلەر بولساڭلار، سىلەر يىقىلىپ، ئۆلۈكۈڭلار بۇ چۆلدە قالىدۇ. \v 33 سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ.\f □ \fr 14:33 \ft \+bd «بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلار»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «پاھىشىۋازلىقلىرىڭلار». خۇدادىن ئېزىپ كېتىش تەۋرات-ئىنجىلدا «پاھىشىۋازلىق» دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f* \v 34 سىلەرنىڭ شۇ زېمىننى چارلىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە، قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر يىل ھېسابلاپ، قەبىھلىكلىرىڭلارنى قىرىق يىل ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ يۈرىسىلەر؛ شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ياتلاشقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىلەر» — دېگىن.\x + \xo 14:34 \xt زەب. 95‏:8-11\x* \v 35 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ. \m \v 36 مۇسا ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە، ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئېلىپ كېلىش بىلەن پۈتۈن جامائەتنى غوتۇلدىتىپ، مۇسانىڭ يامان گېپىنى قىلغۇزغانلار، \v 37 يەنى ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئەكەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋابا كېسىلى تېگىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى.\x + \xo 14:37 \xt 1كور. 10‏:10؛ يەھ. 5\x* \v 38 زېمىننى چارلاپ كېلىشكە بارغان ئادەملەر ئىچىدىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبلا ھايات قالدى. \b \m \s1 ئۆز مەيلىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مەغلۇپ بولۇپ قېچىش \m \v 39 مۇسا بۇ گەپلەرنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە ئېيتىۋىدى، ھەممىسى بەك ھەسرەت چەكتى. \v 40 ئۇلار ئەتىگەن تاڭ ئاتقاندا تۇرۇپ تاغقا چىقىپ: — مانا بىز كەلدۇق! پەرۋەردىگار ئېيتقان يۇرتقا چىقىپ ھۇجۇم قىلايلى؛ چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، — دېيىشتى. \m \v 41 — سىلەر يەنە نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ — دېدى مۇسا، — بۇ ئىش غەلىبىلىك بولمايدۇ!\x + \xo 14:41 \xt قان. 1‏:41\x* \v 42 پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا بولمىغاچقا، دۈشمەننىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلۈپ، مەغلۇپ بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ھۇجۇمغا چىقماڭلار. \v 43 چۈنكى ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار ئۇ يۇرتتا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتىڭلار، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولمايدۇ. \m \v 44 لېكىن، گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە مۇسا بارگاھتىن قوزغالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز مەيلىچە تاغقا چىقىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. \v 45 شۇنىڭ بىلەن ئامالەكلەر بىلەن شۇ تاغدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلار چۈشۈپ ئۇلارنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، بىتچىت قىلىپ قىرغىن قىلدى. \b \b \m \c 15 \s1 تۈرلۈك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: — سىلەر ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چېغىڭلاردا، \v 3 ئەگەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي بولسۇن دەپ بىرەر ھەدىيە-قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، قۇربانلىق كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن بولسۇن. ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، قەسەمنى ئادا قىلىش قۇربانلىقى بولسۇن، ئىختىيارىي قۇربانلىق ياكى سىلەرگە بېكىتىلگەن ھېيتلاردىكى زۆرۈر قۇربانلىق بولسۇن،\f □ \fr 15:3 \ft \+bd «بىرەر ھەدىيە-قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار»\+bd* — بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان قۇربانلىقلارنىڭ ھەممىسى «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ياكى «ئىناقلىق قۇربانلىقى»دۇر (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 4‏-5 قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىنىغا بىر ئاشلىق ھەدىيەسىنى قوشۇپ كەلتۈرسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قوزا بولسا، ئۇنداقتا ئاشلىق ھەدىيەسى زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى بولسۇن؛ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن.\f □ \fr 15:4‏-5 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* — تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر ئىدى. بىر ھىن تەخمىنەن 3.6 لىتر ئىدى.\f*  \x + \xo 15:4‏-5 \xt لاۋ. 2‏:1؛ 6‏:14\x* \m \v 6 قۇربانلىقىڭ قوچقار بولسا، سەن ئۇنىڭغا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئۈچتىن بىر ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى بولسۇن \v 7 ۋە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. \v 8 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ياكى قەسەم ئادا قىلىش قۇربانلىقى ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە تورپاق ئاتىغان بولساڭ، \v 9 ئۇنداقتا تورپاققا ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىنى، \v 10 شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن شارابنى قوشۇپ سۇنغىن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ ئوتتا سۇنۇلۇپ، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ كەلتۈرۈلسۇن. \m \v 11 ھەربىر سۇنۇلغان تورپاق، قوچقار، قوزا ياكى ئوغلاققا نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلىنسۇن. \v 12 سىلەر سۇنىدىغىنىڭلارنىڭ سانى بويىچە، ھەرخىل قۇربانلىقنىڭ سانىغا قاراپ شۇنداق قىلىسىلەر. \m \v 13 شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ئەنە شۇنداق قىلسۇن. \v 14 شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلار بولسا، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. \v 15 پۈتكۈل جامائەتكە، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھەممىڭلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ئۈچۈن دەۋرمۇ-دەۋر ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەر قانداق بولساڭلار، مۇساپىرلارمۇ شۇنداقتۇر.\x + \xo 15:15 \xt مىس. 12‏:49؛ چۆل. 9‏:14 \x* \v 16 سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن. \m \v 17 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 18 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا، \v 19 شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار. \v 20 سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن.\f □ \fr 15:20 \ft \+bd «سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانالاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار»\+bd* — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر نان پىشۇرۇپ ئۇنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار» (بىراق تەرجىمىمىز «ئەز.» 30:44دىن قارىغاندا توغرىراق بولۇشى مۇمكىن). \+bd «خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، ئىسرائىللار يېڭى پىشقان ھوسۇلنىڭ تۇنجى قىسمىنى خاماندىن ئايرىپ، خۇداغا ئاتىشى كېرەك («مىس.» 19:23، 22:34 ۋە 26نى كۆرۈڭ.) \fp \f* \v 21 دەۋردىن-دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. \b \m \s1 بىلمەي قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش \m \v 22 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،\f □ \fr 15:22 \ft \+bd «ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردە كۆزدە تۇتۇلغان گۇناھ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە \+bd ئەمەل قىلماسلىقتىن\+bd* ئىبارەت؛ «لاۋ.» 4-بابتا تىلغا ئېلىنغان قۇربانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە \+bd خىلاپلىق قىلغان ئىشلارغا\+bd* كافارەت كەلتۈرىدىغان قۇربانلىقلاردىن ئىبارەت.\f* \v 23 يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، \v 24 جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە-نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. \v 25 شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان. \v 26 بۇ گۇناھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتكۈل خەلق بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھتۇر. \m \v 27 ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن گۇناھ قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.\x + \xo 15:27 \xt لاۋ. 4‏:27 \x* \v 28 كاھىن شۇ يول بىلەن بىلمەي گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. \v 29 بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائ‍ىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. \b \m \s1 بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھلار توغرۇلۇق \m \v 30 لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \v 31 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى مەنسىتمىگەنىكەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ گۇناھى ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. \b \m \s1 شابات كۈنىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازا \m \v 32 ئىسرائ‍ىللار چۆل-جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى.\f □ \fr 15:32 \ft \+bd «بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەقە يۇقىرىقى 30-31ئايەتتىكى پرىنسىپقا مىسال كەلتۈرۈلۈش ئۈچۈن بايان قىلىنىدۇ.\f* \v 33 ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغانلار ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. \v 34 ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى تېخى كۆرسىتىلمىگەچكە، ئۇلار ئۇنى قاماپ قويدى.\x + \xo 15:34 \xt لاۋ. 24‏:12 \x* \v 35 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈلمىسە بولمايدۇ؛ پۈتۈن جامائەت ئۇنى بارگاھنىڭ تېشىغا ئەپچىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن، — دېدى. \v 36 ئاندىن پۈتۈن جامائەت ئۇ ئادەمنى بارگاھ سىرتىغا ئەپچىقىپ، خۇددى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. \b \m \s1 كىيىم-كېچەكلەرگە چۇچا تۇتۇش نىزامى \m \v 37 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 38 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛\x + \xo 15:38 \xt قان. 22‏:12؛ مات. 23‏:5 \x* \v 39 بۇ خىل چۇچىلار سىلەرنىڭ ئۇنى تىكىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە بىر ئەسلەتمە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئۆزۈڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلار ۋە كۆزۈڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، قاتىراپ بۇزۇقلۇق قىلىپ كەتمەسلىكىڭلار،\f □ \fr 15:39 \ft \+bd «بۇزۇقلۇق»\+bd* ــ تەۋراتتىكى كۆپ قىسىملاردا كۆرسىتىلگەن بۇ «بۇزۇقلۇق»نىڭ ھەم جىسمانىي جەھەتى (ئەيش-ئىشرەت) ھەم روھىي جەھەتى (بۇتپەرەسلىك قىلىپ خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىش) باردۇر.\f* \v 40 مېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئەستە تۇتۇشۇڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، خۇدايىڭلارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بولسۇن. \v 41 مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن. \b \b \m \c 16 \s1 كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى \m \v 1 لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون\x + \xo 16:1 \xt چۆل. 26‏:9؛ 27‏:3؛ يەھ. 11\x* \v 2 ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. \v 3 ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — \m سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى. \m \v 4‏-5 مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: — \m ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. \v 6 سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ \v 7 ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى. \m \v 8 مۇسا يەنە كوراھقا: \m — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار. \v 9‏-10 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟\f □ \fr 16:9‏-10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار سىلەرنى\+bd*\+bdit ، يەنى لاۋىيلارنى\+bdit*... ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، خۇدا ئەسلىدە لاۋىي قەبىلىسى ئىچىدىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە كاھىن بولۇشقا تاللىغانىدى، قالغان لاۋىيلارنى مۇقەددەس چېدىردىكى خىزمەتتە بولۇپ كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا بولۇشقا بېكىتكەنىدى.\f* \v 11 شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. \m \v 12 مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: \m — بارمايمىز! \v 13 سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟\f □ \fr 16:13 \ft \+bd «بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ...»\+bd* ــ مۇشۇ ئادەملەر مىسىر زېمىنىنى ماختىماقچى بولۇپ، شۇ يەردىكى قۇللۇق ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدى.\f* \v 14 ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى. \m \v 15 بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — \m ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى.\x + \xo 16:15 \xt 1سام. 12‏:3\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ جازاسى \m \v 16 مۇسا كوراھقا: — \m ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. \v 17 ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى. \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. \v 19 كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. \v 20 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: — \m \v 21 سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، \v 22 مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — \m ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.\x + \xo 16:22 \xt چۆل. 27‏:16؛ ئىبر. 12‏:9 \x* \m \v 23 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \v 24 سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى. \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \v 26 مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى. \m \v 27 شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى. \m \v 28 مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: \v 29 — ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. \v 30 ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. \m \v 31 مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى. \v 32 يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى.\x + \xo 16:32 \xt چۆل. 26‏:10؛ 27‏:3؛ قان. 11‏:6؛ زەب. 106‏:17\x* \v 33 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. \v 34 ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. \m \v 35 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى.\x + \xo 16:35 \xt زەب. 106‏:18\x* \b \m \s1 يادنامە قىلىشقا قالدۇرۇلغان خۇشبۇيدانلار \m \v 36 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \m \v 37 سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ \v 38 شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائ‍ىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ. \m \v 39 شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى. \v 40 شۇنىڭ بىلەن \add قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى\add* ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. \b \m \s1 جامائەتنىڭ ھارۇننىڭ يالۋۇرۇشى سەۋەبىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى \m \v 41 ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — \m سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. \v 42 ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى. \v 43 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. \v 44 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \m \v 45 مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. \v 46 مۇسا ھارۇنغا: — \m سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. \v 47 ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى. \v 48 ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. \v 49 كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى.\f □ \fr 16:49 \ft \+bd ««كوراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر» توغرۇلۇق ــ ئىزاھات»\+bd* ــ كوراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شۇنداق ئەشەددىي ئاقىۋەتكە ئۇچرىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ كېيىنكى بەزى ئەۋلادلىرى «زەبۇر»نىڭ بەزى قىسىملىرىنى (مەسىلەن، 42-49-كۈيلەرنى) يازغان. كوراھدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى 24-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئەمرگە ئىتائەت قىلغان بولسا كېرەك.\f* \v 50 ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى. \b \b \m \c 17 \s1 ھارۇننىڭ ھاسىسىنىڭ چېچەكلىشى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \v 2 «سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى بويىچە، ھەر قەبىلىنىڭ ئەمىرىدىن بىردىن ئون ئىككى ھاسا ئالغىن؛ سەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ھاسىسىغا يېزىپ قويغىن. \v 3 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ھاسىسىغا ھارۇننىڭ ئىسمىنى يازغىن، چۈنكى ھەربىر ئاتا جەمەت قەبىلە باشلىقى ئۈچۈن بىر ھاسا ۋەكىل بولىدۇ. \v 4 سەن بۇ ھاسىلارنى جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق \add ساندۇقىنىڭ\add* ئالدىغا، يەنى مەن سېنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرگە قويغىن.\f □ \fr 17:4 \ft \+bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»\+bd* — مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. \fp ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، شۇ ئەمرلەر ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىدە پۈتۈكلۈك ئىدى. شۇڭا بەزىدە ساندۇق «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»، ئىبادەت چېدىرى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 17:4 \xt مىس. 25‏:22 \x* \v 5 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن». \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا شۇنداق سۆز قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا بىردىن ھاسىنى، جەمئىي بولۇپ ئون ئىككى ھاسىنى بەردى؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە بىر ھاسا ۋەكىل بولدى، ھارۇننىڭ ھاسىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. \v 7 مۇسا ھاسىلارنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا ئەكىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى. \m \v 8 ۋە شۇنداق بولدىكى، مۇسا ئەتىسى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا كىرىۋىدى، مانا، لاۋىي جەمەتىگە ۋەكىل بولغان ھارۇننىڭ ھاسىسى بىخ سۈرۈپ، غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ، بادام چۈشكەنىدى. \v 9 مۇسا ھاسىلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى؛ ئۇلار كۆرگەندىن كېيىن ھەركىم ئۆز ھاسىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى. \m \v 10 پەرۋەردىگار مۇساغا: — شۇ ئاسىيلىق قىلغۇچى بالىلارغا بىر ئاگاھ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھارۇننىڭ ھاسىسىنى ھۆكۈم-گۇۋاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويغىن. شۇنداق قىلساڭ سەن ئۇلارنىڭ غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ، ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىسەن؛ ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، — دېدى.\f □ \fr 17:10 \ft \+bd «ھۆكۈم-گۇۋاھ»\+bd* — 4:17تىكى ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگەندەك، مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھ» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ساقلايدىغان ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 17:10 \xt ئىبر. 9‏:4\x* \m \v 11 مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۆزىگە قانداق بۇيرۇغان بولسا ئۇ شۇنداق قىلدى. \m \v 12 ئىسرائ‍ىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \m بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق! \v 13 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقانلار ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىز ھەممىمىز مۇتلەق نەپەستىن قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ — دېيىشتى. \b \b \m \c 18 \s1 كاھىن ۋە لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 1 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — \m سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭدىكىلەر سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى، شۇنىڭدەك سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى ئۈستۈڭلەرگە ئالىسىلەر.\f □ \fr 18:1 \ft \+bd «مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھ»\+bd* — دېمەك، مۇقەددەس جاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇم گۇناھ ئۆتكۈزۈلسە، شۇ گۇناھنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرىنچى ئۈستىگە ئالغۇچى كاھىنلار ھەم لاۋىيلار بولىدۇ؛ گۇناھ كاھىنلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا مەسئۇلىيەتنى بىرىنچى ئۈستىگە ئالغۇچى كاھىنلار بولۇشى كېرەك. مۇشۇ ئاگاھ، شۈبھىسىزكى، 17-بابتىكى ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاگاھتۇر.\f* \v 2 سەن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەرنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشتۈر ھەم ئۇلارنى خىزمىتىڭنى قىلىشى ئۈچۈن باشلاپ ئېلىپ كەل؛ بىراق سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئالدىدا خىزمەتلەرنى قىلسۇن.\f □ \fr 18:2 \ft \+bd «بىرلەشتۈر»\+bd* ــ بۇ سۆز مۇشۇ يەردە ۋە 4-ئايەتتە ئىبرانىي تىلىدا «لاۋىي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ («يار.» 34:29نى كۆرۈڭ).\f* \v 3 ئۇلار سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭغا تەييار تۇرۇپ، شۇنداقلا چېدىردىكى بارلىق خىزمەت-ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ پەقەت مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا ۋە قۇربانگاھقا يېقىنلاشمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلارمۇ، سىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىسىلەر. \v 4 ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەپ، قىلىدىغان ھەربىر ئىشىنى قىلسۇن؛ پەقەتلا ھېچ يات كىشىلەر سىلەرگە يېقىنلاشمىسۇن. \v 5 قەھر-غەزەپ يەنە ئىسرائ‍ىللارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس جايدىكى ۋەزىپە بىلەن قۇربانگاھدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مەسئۇل بولۇڭلار. \v 6 مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان.\x + \xo 18:6 \xt چۆل. 3‏:45 \x* \v 7 لېكىن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپەڭلەردە تۇرۇپ، قۇربانگاھتىكى بارلىق ئىشلارنى ھەم پەردە ئىچىدىكى ئىشلارنى بېجىرىڭلار؛ سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلەر شۇنداق بولسۇن. كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى، خىزمىتىمدە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە سوۋغا قىلىپ بەردىم؛ يات ئادەملەر يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈۋېتىلسۇن. \b \m \s1 كاھىنلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشى \m \v 8 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — \m مەن ماڭا سۇنۇلغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار ماڭا مۇقەددەس دەپ ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈلۈشۈڭلار بولسۇن دەپ، مانا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. \v 9 ئىسرائ‍ىللار ئوتتا سۇنىدىغان، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلەردىن سىلەرگە مۇنۇلار قالدۇرۇپ بېرىلىدۇ: — ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان بارلىق نەرسىلىرى، يەنى بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلەردىن، بارلىق گۇناھ قۇربانلىقلىرىدىن، بارلىق ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغانلىرى، ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىنىدۇ. \v 10 سەن شۇ \add ئۈلۈشۈڭنى\add* «ئەڭ مۇقەددەس» سۈپىتىدە يېگىن، سىلەردىن بولغان ھەربىر ئەر كىشى ئۇنى يېسۇن؛ ئۇ ساڭا «ئەڭ مۇقەددەس» دەپ بىلىنسۇن.\f □ \fr 18:10 \ft \+bd «سەن شۇ ئۈلۈشۈڭنى «ئەڭ مۇقەددەس» سۈپىتىدە يېگىن»\+bd* ــ «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغان نەرسىلەر «مۇقەددەس يەردە»، يەنى مۇقەددەس جايدىكى ھويلىدا يېيىلىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن، «لاۋ.» 16:6نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ: — ئىسرائ‍ىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. \x + \xo 18:11 \xt لاۋ. 10‏:14\x* \v 12 زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم. \v 13 ئۇلار يەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەكەلگەن دەسلەپكى پىشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن؛ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. \m \v 14 ئىسرائىلدا خۇداغا مۇتلەق ئاتىلىدىغان ھەربىر نەرسە سېنىڭ بولىدۇ.\x + \xo 18:14 \xt لاۋ. 27‏:28\x* \m \v 15 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرىدىغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى، مەيلى ئىنسان ياكى ئۇلاغ-چارپاي بولسۇن سېنىڭ بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى بولسا ئۇلارنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن ۋە ناپاك ھايۋانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن.\f □ \fr 18:15 \ft \+bd «بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئەت ئىگىسى (بولغان جانىۋار)نىڭ بالىياتقۇسىنى ئاچىدىغانلار». \+bd «تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن»\+bd* ــ دېمەك، خەلق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كاھىنلارغا پۇل بېرىشى كېرەك.\f*  \x + \xo 18:15 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 3‏:13\x* \v 16 تۆلەم تۆلەش كېرەك بولغانلار ئۈچۈن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقاندا تۆلەم پۇلى تۆلەنسۇن؛ ئۇلارغا سەن توختاتقان باھا بويىچە، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر› باھا قويۇپ، بەش كۈمۈش شەكەل ئال.\x + \xo 18:16 \xt مىس. 30‏:13؛ لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12\x* \v 17 پەقەت تۇنجى كالا، تۇنجى قوي ياكى تۇنجى ئوغلاققا تۆلەم ئالساڭ بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر. سەن ئۇلارنىڭ قېنىنى قۇربانگاھقا چېچىپ، مېيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرگىن. \v 18 ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ. \v 19 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ. \b \m \s1 لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەم ئۈلۈشلىرى \m \v 20 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — \m \add ئىسرائىل\add* زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن.\x + \xo 18:20 \xt قان. 10‏:9؛ 18‏:2؛ ئ‍ەز. 44‏:28 \x* \v 21 لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. \v 22 بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائ‍ىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. \v 23 جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ.\f □ \fr 18:23 \ft \+bd «شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ»\+bd* — دېمەك، مۇبادا لاۋىيلار مۇقەددەس چېدىرنى بۇلغاپ، گۇناھ سادىر قىلسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن خەلق مۇقەددەس چېدىرنى بۇلغاپ ھەرقانداق گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باش مەسئۇلىيەتنى لاۋىيلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.\f* \v 24 چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم. \m \v 25 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \m \v 26 سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. \v 27 بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 18:27 \ft \+bd «...سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار... دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ»\+bd* — لاۋىيلارنىڭ ھېچقانداق خامىنى ياكى شاراب كۆلچەكلىرى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى خەلقتىن قوبۇل قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەردىن ئوندىن بىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى ئاتىشى كېرەك. شۇ يول بىلەن ئۇلارنىڭ سۇنغىنى خۇددى دېھقانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئۆز ھوسۇلىدىن سۇنغىنىغا ئوخشاش بولىدۇ.\f* \v 28 بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار. \v 29 سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار». \m \v 30 شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. \v 31 شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛\f □ \fr 18:31 \ft \+bd «سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە لاۋىيلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 32 سىلەر \add شۇ ئۈلۈشلەردىن\add* ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائ‍ىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر».\f □ \fr 18:32 \ft \+bd «سىلەر ئىسرائ‍ىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «سىلەر ئىسرائىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى ھېچ بۇلغىماڭلار؛ بولمىسا، ئۆلىسىلەر».\f* \b \b \m \c 19 \s1 قىزىل سىيىرنىڭ كۈلى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن. \v 3 سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن.\x + \xo 19:3 \xt ئىبر. 13‏:11، 12 \x* \m \v 4 كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن.\x + \xo 19:4 \xt ئىبر. 9‏:13\x* \v 5 ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن.\x + \xo 19:5 \xt مىس. 29‏:14؛ لاۋ. 4‏:11، 12 \x* \v 6 كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن.\f □ \fr 19:6 \ft \+bd «قىزىل رەختنى»\+bd* ــ ياكى «قىزىل يىپنى».\f* \v 7 ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 8 سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 9 پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر. \v 10 سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائ‍ىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. \b \m \s1 خەلقنى ناپاكلىقتىن پاكلاش نىزامى \m \v 11 ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.\x + \xo 19:11 \xt چۆل. 31‏:19؛ ھاگ. 2‏:13\x* \v 12 ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى \add ئاشۇ سۇ\add* بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ.\f □ \fr 19:12 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى ئەنە شۇنداق (ناپاكلىقنى چىقارغۇچى) سۇ بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، يەتتىنچى كۈنى ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، يەتتىنچى كۈنى پاك سانالمايدۇ».\f* \v 13 ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ. \m \v 14 ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ: — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. \v 15 ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ. \v 16 شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ-شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ. \v 17 كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن. \v 18 ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن.\x + \xo 19:18 \xt زەب. 51‏:7\x* \v 19 ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم \add پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ\add* ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ. \m \v 20 لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ. \v 21 بۇ ئىسرائ‍ىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 22 ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن كىشىلەرمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \b \b \m \c 20 \s1 مەريەمنىڭ ۋاپات بولۇشى \m \v 1 بىرىنچى ئاينىڭ ئىچىدە ئىسرائ‍ىللار، يەنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى زىن چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، قادەشتە تۇرۇپ قالدى؛ مەريەم شۇ يەردە ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. \b \m \s1 مەرىباھ سۈيى — خەلقنىڭ يەنە قاقشىشى \m \v 2 جامائەتكە ئىچىدىغانغا سۇ يوق ئىدى، ئۇلار يىغىلىپ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى. \v 3 خەلق مۇسا بىلەن تەگىشىپ: —قېرىنداشلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن چاغدا بىزمۇ بىللە ئۆلسەك بوپتىكەن!\x + \xo 20:3 \xt چۆل. 16‏:32، 49\x* \v 4 سىلەر نېمە ئۈچۈن بىز ۋە چارپايلىرىمىزنى بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنى بۇ چۆل-جەزىرىگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ \v 5 سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ بۇنداق دەھشەتلىك يەرگە ئەكەلدىڭلار؟ بۇ يەردە يا تېرىقچىلىق قىلغىلى يەر بولمىسا، يا ئەنجۈر، ئۈزۈم، ئانار بولمىسا، ئىچىدىغانغا سۇمۇ بولمىسا، — دېيىشتى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ دۈم يىقىلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئۇ ئىككىسىگە ئايان بولدى. \v 7 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 8 ھاسىنى قولۇڭغا ئال، ئاندىن سەن ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قورام تاشقا بۇيرۇق قىل؛ شۇنداق قىلساڭ قورام تاش ئۆز سۈيىنى چىقىرىدۇ؛ شۇ يول بىلەن سەن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ، جامائەت ۋە چارپايلىرى ئىچىدىغانغا سۇ بېرىسەن.\f □ \fr 20:8 \ft \+bd «ھاسىنى قولۇڭغا ئال»\+bd* ــ مۇسانىڭ شۇ ھاسىسى كۆپ قېتىم خۇدانىڭ يولىدا ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. بىرىنچى قېتىمقىسى «مىس.» 2:4دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 20:8 \xt نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:15، 16؛ 105‏:41؛ 114‏:8\x* \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھاسىنى ئالدى. \v 10 مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى.\x + \xo 20:10 \xt قان. 32‏:51؛ زەب. 106‏:33،32 \x* \v 11 ئاندىن مۇسا ھاسىسى بىلەن قورام تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، ناھايىتى كۆپ سۇ ئېقىپ چىقتى، سۇدىن جامائەتمۇ، چارپايلارمۇ ئىچىشتى.\x + \xo 20:11 \xt زەب. 78‏:15-16؛ 105‏:41؛ يەش. 43‏:20؛ 48‏:21؛ 1كور. 10‏:4\x* \v 12 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: — \m سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ بۇ جامائەتنى مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا باشلاپ كىرىشىڭلارغا يول قويمايمەن، — دېدى.\f □ \fr 20:12 \ft \+bd «سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن»\+bd* ــ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ «ئىسرائىللار ئالدىدا خۇدانى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمەسلىك» گۇناھى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. «قورام تاش» توغرۇلۇق «1كور.» 4:10نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:12 \xt چۆل. 27‏:14؛ قان. 1‏:37\x* \v 13 سۇ چىقىرىلغان جاي «مەرىباھ سۇلىرى» دەپ ئاتالغان؛ ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.\f □ \fr 20:13 \ft \+bd «مەرىباھ»\+bd* ــ «تاكاللىشىش» دېگەن مەنىدە. \+bd «(پەرۋەردىگار) ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى»\+bd* ــ خۇدا مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىگىنى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاپ، مۇسانىڭ خەلق ئالدىدا قىلغان بىھۆرمەتلىك سۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خەلق ئالدىدا ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى كۆرسەتتى.\f* \b \m \s1 ئېدوملارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقى \m \v 14 مۇسا قادەشتىن ئېدوم پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «قېرىنداشلىرى ئىسرائىل مۇنداق دەيدۇ: — بىز تارتىۋاتقان جەبر-جاپالارنىڭ قانداقلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم،\x + \xo 20:14 \xt قان. 23‏:6؛ ئ‍وب. 10؛ ئ‍وب. 12\x* \v 15 بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا چۈشكەن بولۇپ، بىز مىسىردا ئۇزاق زامان تۇرۇپ كەتتۇق؛ مىسىرلىقلار بىزگىمۇ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يامان مۇئامىلە قىلدى؛ \v 16 بىز پەرۋەردىگارغا يېلىنىۋېدۇق، ئۇ بىزنىڭ زارىمىزغا قۇلاق سېلىپ، پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر مانا، بىز ئۆزلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قادەش دېگەن بىر شەھەردە تۇرۇۋاتىمىز.\f □ \fr 20:16 \ft \+bd «پەرىشتە»\+bd* ــ بەزىلەر «ئەلچى» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن «مىس.» 20:23، 23، 32:34دىن قارىغاندا، مەنىسى دەرۋەقە «پەرىشتە»دۇر.\f*  \x + \xo 20:16 \xt مىس. 2‏:23؛ 14‏:19 \x* \v 17 ئەمدى بىزنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىلا، بىز ئېتىز-ئېرىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلاردىن ئۆتمەيمىز، قۇدۇقلىرىڭلادىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ «خان يولى» بىلەن مېڭىپ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ئوڭ-سولغا بۇرۇلمايمىز» — دېدى. \m \v 18 لېكىن ئېدوملار ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشۈڭلەرگە بولمايدۇ، ئۆتىمەن دېسەڭلار قىلىچ كۆتۈرۈپ سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز» — دېدى.\f □ \fr 20:18 \ft \+bd «... بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ... سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... مېنىڭ زېمىنىمدىن... سىلەرگە جەڭگە چىقىمەن» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 19 ئىسرائ‍ىللار ئۇنىڭغا: «بىز «كۆتۈرۈلگەن يول» بىلەن ماڭىمىز، ئۆزىمىز ۋە ماللىرىمىز سۈيۈڭلارنى ئىچسەك، نەرخى بويىچە ھەققىنى بېرىمىز؛ بىز پەقەت پىيادە ئۆتۈپ كېتىمىز، باشقا ھېچ تەلىپىمىز يوق» دېۋىدى،\f □ \fr 20:19 \ft \+bd «بىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن».\f* \v 20 ئېدوم پادىشاھى: «ياق. ئۆتمەيسىلەر!» دېدى. ئېدوم \add پادىشاھى\add* ناھايىتى كۆپ ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ ئىسرائ‍ىللارغا زور ھەيۋە كۆرسەتتى.\f □ \fr 20:20 \ft \+bd «ئېدوم پادىشاھى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېدوم».\f* \v 21 شۇنداق قىلىپ ئېدوملار ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ئەنە شۇ يوسۇندا يول قويمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئېدوملارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى.\x + \xo 20:21 \xt ھاك. 11‏:18 \x* \b \m \s1 ھارۇننىڭ ۋاپات بولغانلىقى \m \v 22 ئۇلار قادەشتىن يولغا چىقتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ھور تېغىغا كەلدى.\x + \xo 20:22 \xt چۆل. 33‏:37 \x* \v 23 پەرۋەردىگار ئېدومنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 24 ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ.\f □ \fr 20:24 \ft \+bd «ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇش»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە توغرۇلۇق «يار.» 8:25 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىبارە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، روھىنىڭ يەنىلا ھايات بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 25 سەن ھارۇن بىلەن ئوغلى ئەلىئازارنى ئېلىپ ھور تېغىغا چىققىن؛\x + \xo 20:25 \xt چۆل. 33‏:38؛ قان. 32‏:50 \x* \v 26 ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قوي؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلۈپ، ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلىدۇ. \m \v 27 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۈچەيلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى. \v 28 مۇسا ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قويدى؛ ھارۇن تاغنىڭ چوققىسىدا ئۆلدى. ئاندىن مۇسا بىلەن ئەلىئازار تاغدىن چۈشۈپ كەلدى.\x + \xo 20:28 \xt قان. 10‏:6؛ 32‏:50 \x* \v 29 پۈتكۈل جامائەت ھارۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتى ھارۇن ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ماتەم تۇتتى. \b \b \m \c 21 \s1 قانائنىيلارنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى \m \v 1 جەنۇبتا تۇرۇشلۇق ئاراد مەملىكىتىنىڭ قانائانىيلاردىن بولغان پادىشاھى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئاتارىم يولى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، نەچچەيلەننى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى.\f □ \fr 21:1 \ft \+bd «جەنۇبتا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەگەۋدە». نەگەۋ بولسا پەلەستىن زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى چوڭ چۆللۈك يەردۇر.\f* \v 2 ئاندىن ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا پۈتۈنلەي تاپشۇرىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايمىز» — دېدى. \v 3 پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، قانائانلىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانائانىيلارنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شۇ يەرنى «خورماھ» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 21:3 \ft \+bd «خورماھ»\+bd* ــ دېگەننىڭ مەنىسى «ۋەيرانە».\f* \b \m \s1 زەھەرلىك يىلانلار بىلەن مىس يىلان \m \v 4 ئۇلار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ، ئېدوم زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قىزىل دېڭىز بويىدىكى يولنى بويلاپ ماڭدى؛ خەلق مۇشۇ يول سەۋەبىدىن كۆڭلىدە تولىمۇ تاقەتسىز بولۇپ، \v 5 خۇداغا ۋە مۇساغا قارشى چىقىپ: — سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى چۆل-جەزىرىدە ئۆلسۇن دەپ مىسىر زېمىنىدىن باشلاپ چىققانسىلەر؟ بۇ يەردە يا ئاشلىق، يا سۇ يوق، كۆڭلىمىز بۇ ئەرزىمەس نانلاردىن بىزار بولدى، دېيىشتى.\f □ \fr 21:5 \ft \+bd «ئەرزىمەس نانلار»\+bd* — بۇ سۆز خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى چۈشۈرىدىغان «ماننا»نى كۆرسىتىدۇ. «مىس.» 13:16-36نى كۆرۈڭ.\f* \v 6 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى؛ يىلانلار ئۇلارنى چاقتى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائ‍ىللاردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «زەھەرلىك يىلانلار»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «ئوت يىلانلار».\f*  \x + \xo 21:6 \xt 1كور. 10‏:9 \x* \v 7 خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز ئاغزىمىزنى بۇزۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەم ساڭا ھۇجۇم قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ گۇناھ قىلدۇق؛ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلساڭ، ئۇ بۇ يىلانلارنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەي، — دېۋىدى، مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى. \m \v 8 پەرۋەردىگار مۇساغا: — \m سەن بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ شەكلىنى ياساپ خادىغا ئېسىپ قويغىن؛ يىلان چېقىۋالغان ھەربىرى ئۇنىڭغا قارىسىلا قايتا ھاياتقا ئېرىشىدۇ، — دېدى.\x + \xo 21:8 \xt يـۇھ. 3‏:14\x* \v 9 مۇسا مىستىن بىر يىلان ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويدى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يىلان بىركىمنى چېقىۋالغان بولسا، ئۇ بۇ مىس يىلانغا قارىسىلا، ئۇلار ھايات قالدى.\f □ \fr 21:9 \ft \+bd «مىستىن بىر يىلان... ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويغىن»\+bd* — بۇ ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «يۇھ.» 14:3-15نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:9 \xt 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:14\x* \b \m \s1 ئوبوتتىن پىسگاھغىچە مېڭىش \m \v 10 ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى.\x + \xo 21:10 \xt چۆل. 33‏:43 \x* \v 11 يەنە ئوبوتتىن يولغا چىقىپ، موئاب زېمىنىنىڭ ئۇدۇلىدا كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئىيە-ئىبارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 12 ئۇلار يەنە ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ زەرەد جىلغىسىدا چېدىر تىكتى. \v 13 يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېتىدىن چىقىپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ، ئېقىپ تۇرغان ئارنون دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا چېدىر تىكتى ‹چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابىيلارنىڭ چېگرىسى بولۇپ، موئابىيلار بىلەن ئامورىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. \x + \xo 21:13 \xt ھاك. 11‏:18\x* \v 14‏-15 شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: — \m «سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى، \m ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى، \m ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ، \m موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›.\f □ \fr 21:14‏-15 \ft \+bd «تەرجىمە»\+bd* — بۇ قەدىمكى شېئىرنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. بۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇنى نەقىل كەلتۈرۈشىنىڭ مەقسىتى، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگار قەدىمدىن تارتىپ موئاب ئۈچۈن بېكىتكەن چېگرانىڭ ئارنون دەرياسى بىلەن ئار شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.\f* \m \v 16 \add ئىسرائ‍ىللار\add* يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ بەئەرگە كەلدى؛ «\add بەئەر\add*» قۇدۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنى يىغ، مەن ئۇلارغا ئىچىدىغان سۇ بېرەي» دېگەندە شۇ قۇدۇقنى كۆزدە تۇتقان. \v 17 شۇ چاغدا ئىسرائ‍ىللار مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىشقان: — \m «ئاھ قۇدۇق، چىقسۇن سۈيۈڭ بۇلدۇقلاپ، \m ناخشا ئېيتىڭلار، قۇدۇققا بېغىشلاپ: \m \v 18 بۇ قۇدۇقنى ئەمىرلەر، \m خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، \m قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن، \m ھاسىلىرى بىلەن قازغان». \m ئىسرائ‍ىللار چۆل-باياۋاندىن يەنە ماتتاناھقا،\f □ \fr 21:18 \ft \+bd «قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «تاياقلىرى بىلەن». \+bd «خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، ... ھاسىلىرى بىلەن قازغان»\+bd* ــ بۇ ئىشنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكى باركى، پەقەت ئاددىي پۇخرالارلا ئەمەس، خەلقنىڭ كاتتىلىرىمۇ ئەمگەك قىلىپ قۇدۇق كولاشتى.\f* \v 19 ماتتاناھتىن ناھالىيەلگە، ناھالىيەلدىن باموتقا، \v 20 باموتتىن موئاب دالاسىدىكى جىلغىغا، يەنە چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراپ تۇرغان پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا يېتىپ باردى. \b \m \s1 ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن باشان پادىشاھىنى يەڭگەنلىكى \m \v 21 ئىسرائ‍ىللار ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ:\f □ \fr 21:21 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ «قان.» 26:2-11:3نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:21 \xt قان. 2‏:26؛ ھاك. 11‏:19 \x* \v 22 — بىزنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزگە ئىجازەت بەرگەيلا؛ بىز سىلىنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىغا كىرمەيمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ تەۋەلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە «خان يولى»دىن چىقمايمىز، — دېدى.\x + \xo 21:22 \xt چۆل. 20‏:17 \x* \v 23 سىھون ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز چېگرىسىدىن ئۆتكىلى قويمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ ئىسرائ‍ىللار بىلەن سوقۇشىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بارلىق خەلقىنى يىغىپ چۆلگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ ياھازغا كېلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى.\x + \xo 21:23 \xt قان. 2‏:30؛ 29‏:7؛ يە. 24‏:8؛ ھاك. 11‏:20 \x* \v 24 ئىسرائ‍ىللار ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئارنون دەرياسىدىن ياببوك دەرياسىغىچە، يەنى ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى؛ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا بەك مۇستەھكەم ئىدى.\f □ \fr 21:24 \ft \+bd «ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى يائازەر ئىدى» (32-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 21:24 \xt قان. 2‏:37،33؛ 29‏:7؛ يە. 12‏:2؛ 24‏:8؛ ھاك. 11‏:2؛ زەب. 135‏:10-12؛ 136‏:19-21؛ ئام. 2‏:9 \x* \v 25 ئىسرائ‍ىللار بۇ يەردىكى ھەممە شەھەرنى ئىگىلىدى ھەم ئامورىيلارنىڭ شەھەرلىرىگە، يەنى ھەشبونغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق يېزا-قىشلاقلارغىمۇ كىرىپ ئورۇنلاشتى.\x + \xo 21:25 \xt قان. 2‏:34، 35\x* \v 26 چۈنكى ھەشبون ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ئىدى؛ سىھون ئەسلىدە موئابنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان ھەممە زېمىنىنى تارتىۋالغانىدى. \v 27 شۇ سەۋەبتىن شائىرلار: — \m «ھەشبونغا كېلىڭلار! \m مانا سىھوننىڭ شەھىرى يېڭىۋاشتىن قۇرۇلسۇن، \m سىھوننىڭ شەھىرى مەھكەم قىلىنسۇن. \m \v 28 چۈنكى ھەشبوننىڭ ئۆزىدىن چىقتى بىر ئوت، \m سىھوننىڭ شەھىرىدىن بىر يالقۇن يالقۇنلاپ، \m يۇتۇۋەتتى موئابتىكى ئار شەھىرىنى، \m ئارنوندىكى ئېگىز جايلارنىڭ ئەمىرلىرىنى.\x + \xo 21:28 \xt يەش. 48‏:45\x* \m \v 29 ۋاي ساڭا ئەي موئاب! \m ھەي كېموشنىڭ ئۈممىتى، تۈگەشتىڭلار! \m چۈنكى \add كېموش\add* ئۆز ئوغۇللىرىنى قاچقۇنغا ئايلاندۇردى، \m قىزلىرىنى ئەسىرلىككە بېرىپ، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا تۇتۇپ بەردى!\f □ \fr 21:29 \ft \+bd «كېموش»\+bd* ــ كېموش موئاب چوقۇنغان بۇت ئىدى. موئابىيلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى («2پاد.» 27:3نى كۆرۈڭ). بۇ تارىخقا قارىغاندا، كېموشنىڭ «ئۆز خەلقىگە» ھېچ پايدىسى بولمىغانىدى!\f*  \x + \xo 21:29 \xt 1پاد. 11‏:7، 33 \x* \v 30 بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق، \m ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛ \m بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى.\f □ \fr 21:30 \ft \+bd «بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق»\+bd* ــ ياكى «بىز ئۇلارغا ئاتتۇق».\f* \m \v 31 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامورىيلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتى. \v 32 مۇسا يائازەرنى چارلاپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار يائازەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئامورىيلارنى يېرىدىن قوغلىۋەتتى. \v 33 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائ‍ىللار بۇرۇلۇپ، باشاننىڭ يولىنى بويلاپ ماڭدى؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى چىقىپ ئەدرەيدە ئىسرائ‍ىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ تۈزدى.\x + \xo 21:33 \xt قان. 3‏:1؛ 29‏:7\x* \v 34 پەرۋەردىگار مۇساغا: — قورقما، مەن ئۇنى، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ھەم زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ سەن ئۇنى ئىلگىرى ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغاندەك قىلىسەن، — دېدى.\x + \xo 21:34 \xt زەب. 136‏:20\x* \v 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ھەم بارلىق خەلقىنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى.\x + \xo 21:35 \xt زەب. 136‏:20، 21، 22\x* \b \b \m \c 22 \s1 موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ بالائامنى ئىسرائىلنى قارغاشقا چاقىرىشى \m \v 1 ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكتى. \v 2 ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئامورىيلارغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق كۆرۈپ تۇرغانىدى. \v 3 موئابلار خەلقتىن ئىنتايىن قورقۇشتى، چۈنكى ئۇلار بەك كۆپ ئىدى؛ موئابىيلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ سەۋەبىدىن بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. \v 4 موئابىيلار مىدىيان ئاقساقاللىرىغا: «بۇ بىر توپ ئادەم ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى، خۇددى كالا ئېتىزدىكى ئوتنى يالمىغاندەك يالماپ يەپ كېتىدىغان بولدى» — دېيىشتى. ئۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى. \m \v 5 ئۇ ئەلچىلەرنى بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئالدىغا، بالائامنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇلۇغ دەريا بويىدىكى پېتور شەھىرىگە بېرىپ، بالائامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ: پادىشاھىمىز: — «قارىسىلا، بىر خەلق مىسىردىن چىققانىدى؛ مانا، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى، مانا ئۇلار بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ چۈشتى.\f □ \fr 22:5 \ft \+bd «بالائام»\+bd* ــ بالائامنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 22:5 \xt يە. 24‏:9 \x* \v 6 ئۇلار مېنىڭدىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمدى ئۆزلىرى كېلىپ بۇ خەلقنى مەن ئۈچۈن بىر قارغاپ بەرگەن بولسىلا؛ بەلكىم مەن ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىشىم مۇمكىن؛ چۈنكى ئۆزلىرى كىمگە بەخت تىلىسىلە شۇنىڭ بەخت قۇچىدىغانلىقىنى، كىمنى قارغىسىلا، شۇنىڭ قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن» دەيدۇ، دەڭلار، — دېدى. \v 7 موئابنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مىدىياننىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىدا پال سېلىش ئىنئاملىرىنى ئېلىپ ماڭدى؛ ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالاقنىڭ گەپلىرىنى يەتكۈزدى. \v 8 بالائام ئۇلارغا: — \m بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى بويىچە سىلەرگە جاۋاپ يەتكۈزىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن موئابنىڭ شۇ ئەمىرلىرى بالائامنىڭكىدە قونۇپ قالدى.\f □ \fr 22:8 \ft \+bd «ئۇلۇغ دەريا»\+bd* — ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 9 خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ: — \m سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ ئادەملەر كىم؟ — دېۋىدى، \v 10 بالائام خۇداغا: — موئاب پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ماڭا: \v 11 «قارىسىلا، مىسىردىن بىر خەلق چىققانىدى، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى؛ بۇ يەرگە كېلىپ مېنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاپ بەرسىلە، شۇنداق قىلسىلا بەلكىم ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ يەردىن قوغلىۋېتەلىشىم مۇمكىن» — دېدى، — دېدى. \m \v 12 خۇدا بالائامغا: \m سەن ئۇلار بىلەن بىللە بارساڭ بولمايدۇ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغان، — دېدى. \v 13 بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرىغا: — \m سىلەر ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ سىلەر بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى، — دېدى. \v 14 موئابنىڭ ئەمەلدارلىرى قوپۇپ بالاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — \m بالائام بىز بىلەن بىللە كېلىشكە ئۇنىمىدى، — دېدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۆتىۋەر ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى، \v 16 ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — \m «زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق مۇنداق دەيدۇ: — «ھېچنېمە سىلىنىڭ يېنىمغا كېلىشلىرىنى توسۇمىغاي؛ \v 17 چۈنكى مەن ئۆزلىرىنى زور شان-شۆھرەتكە ئېگە قىلىمەن؛ نېمە دېسىلە ماقۇل دەيمەن؛ شۇڭا ماڭا ئەشۇ خەلقنى قارغاپ بەرسىلىلا بولىدۇ»، — دېدى. \m \v 18 بالائام بالاقنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋابەن: — \m بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش قىلاي، خۇدايىم پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بۇيرۇغانلىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمەن.\x + \xo 22:18 \xt چۆل. 24‏:13 \x* \v 19 سىلەرمۇ بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، پەرۋەردىگار يەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدا ماڭا نېمە دەيدىكىن، شۇنى بىلەي، — دېدى. \m \v 20 شۇ كېچىسى خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ ئۇنىڭغا: — \m ئۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن، لېكىن سەن مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغانلىرىم بويىچە ئىش قىلىشىڭ كېرەك، — دېدى. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن بالائامنىڭ ئېشىكى \m \v 21 بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ ئېشىكىنى توقۇپ موئابنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ماڭدى. \v 22 خۇدا بالائامنىڭ ماڭغانلىقىدىن غەزەپلەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى توسۇشقا يولدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چاغدا ئېشىكىگە مىنىپ ئىككى غۇلامى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى.\f □ \fr 22:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»\+bd* — تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، تەۋراتتىكى «يار.» -4:16-17ئايەت، 18-بابنى ھەمدە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 23 مادا ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئالغان ھالدا يولدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چىقىپ ئېتىزلىق بىلەن مېڭىۋىدى، بالائام ئېشەكنى يولغا چىقىپ مېڭىشقا دۇمبالاپ ئۇردى.\x + \xo 22:23 \xt 2پېت. 2‏:16؛ يەھ. 11\x* \v 24 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى تەرىپى توسما تام بىلەن توسالغان ئۈزۈمزارلىقتىكى تار بىر يولدا تۇرۇۋالدى. \v 25 ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تامغا قىستىلىپ مېڭىپ، بالائامنىڭ پۇتىنى تامغا قىستاپ يارىلاندۇرۇپ قويدى؛ بالائام ئېشەكنى يەنە دۇمبالىدى. \v 26 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا يەنە ئالدىغىراق بېرىپ، ئوڭ يا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدىغان تېخىمۇ تار بىر يەردە كۈتۈپ تۇردى. \v 27 ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ ماڭماي، بالائامنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى؛ بالائام قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن قاتتىق دۇمبالاپ كەتتى. \v 28 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئېشەككە زۇۋان كىرگۈزۈۋىدى، ئېشەك بالائامغا: — \m مېنى ئۈچ قېتىم دۇمبالايدىغانغا ساڭا نېمە يامانلىق قىپتىمەن؟ — دېۋىدى،\x + \xo 22:28 \xt 2پېت. 2‏:16؛ يەھ. 11\x* \v 29 بالائام ئېشەككە: — \m سەن مېنى سەتلەشتۈردۈڭ، قولۇمدا قىلىچ بولغان بولسا ئىدى، سېنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم! — دېدى. \m \v 30 ئېشەك بالائامغا: — مەن سېنىڭكى بولغىنىمدىن تارتىپ مىنىپ كەلگەن ئېشىكىڭ مەن ئەمەسمۇ؟ ئىلگىرى مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىش ئادىتىم بولۇپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، \m — ياق، — دېدى \add بالائام\add*. \b \m \s1 بالائامنىڭ ئەيىبلىنىشى \m \v 31 ئەنە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بالائامنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئۇ يەرگە بېشىنى قويۇپ سەجدە قىلدى. \v 32 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: — \m سەن ئېشىكىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم دۇمبالايسەن؟ قارىغىنا، ماڭغان يولۇڭ مېنىڭ نەزىرىمدە تەتۈر بولغاچقا،سېنى توسۇشقا چىققۇچى مەن ئۆزۈم ئىدىم.\x + \xo 22:32 \xt 2پېت. 2‏:15\x* \v 33 ئېشەك مېنى كۆرۈپ ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتتى؛ ئەگەر ئېشەك مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، مەن ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ ئېشەكنى تىرىك قالدۇرغان بولاتتىم، — دېدى. \m \v 34 بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: — \m مەن گۇناھكارمەن، ئۆزلىرىنىڭ يولدا مېنى توسۇپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرمەپتىمەن؛ مۇبادا ئەمدى مېنىڭ بېرىشىم نەزەرلىرىدە رەزىل كۆرۈنسە، مەن قايتىپ كېتەي، — دېدى. \m \v 35 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بالائامغا يەنە: — بوپتۇ، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە بارغىن، بىراق پەقەت مەن ساڭا دېگەن سۆزنىلا دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالائام بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ماڭدى. \b \m \s1 بالاقنىڭ بالائامنى قارشى ئېلىشى \m \v 36 بالاق بالائامنى كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، قارشى ئېلىش ئۈچۈن موئابنىڭ ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى، چېگرىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى شەھىرىگە كەلدى:\f □ \fr 22:36 \ft \+bd «ئەڭ بېشىدىكى شەھىرىگە»\+bd* ــ پادىشاھنىڭ مېھماننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، شۇنچە ئۇزۇن يولغا بېرىپ ئالدىغا چىقىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى، ئەلۋەتتە.\f* \v 37 — مەن سىلىنى چاقىرىشقا شۇنچە جىددىي ئەلچى ئەۋەتكەنىدىم، نېمە ئۈچۈن كېلىشكە ئۇنىمىدىلا؟ مەن سىلىنى شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلالمايتتىممۇ؟ — دېدى بالاق بالائامغا. \m \v 38 — قارىسىلا، مانا كەلدىمغۇ، ئەمدى مەن ئۆز ئالدىمغا بىرنېمە دېيەلەيتتىممۇ؟ — دېدى بالائام، — خۇدا ئاغزىمغا نېمە گەپنى سالسا، مەن شۇنىلا دەيمەن. \m \v 39 بالائام بالاق بىلەن بىللە يولغا چىقىپ كىرىئات-خۇزوتقا كەلدى. \v 40 بالاق كالا، قويلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۆشىدىن بالائام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئەمىرلەرگە ئەۋەتىپ بەردى. \v 41 ئاندىن بالاق ئەتىسى سەھەردە بالائامنى بائالنىڭ ئېگىز جايلىرىغا ئېلىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر قىسمىنى كۆردى.\f □ \fr 22:41 \ft \+bd «بائالنىڭ ئېگىز جايلىرىغا ئېلىپ چىقتى»\+bd* ــ «بائال» بۇتنىڭ ئىسمى. شۇ چاغلاردا بۇتپەرەسلەر دائىم ئۆز بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىپ ئىبادەت قىلىشقا يېقىن ئەتراپتىكى مەلۇم بىرنەچچە ئېگىز جايلارغا چىقاتتى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «باموت-بائالغا ئېلىپ چىقتى».\f* \b \b \m \c 23 \s1 بالاق بىلەن بالائامنىڭ قۇربانلىق سۇنۇشى \m \v 1 بالائام بالاققا: — \m سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى. \v 2 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى. \v 3 بالائام بالاققا: — \m سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى. \m \v 4 خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: — \m مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى. \v 5 پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. \b \m \s1 بالائامنىڭ بىرىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى \m \v 7 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — \m بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، \m موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، \m مۇنداق دېدى: — \m كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. \m كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن.\f □ \fr 23:7 \ft \+bd «كالام سۆزى»\+bd* ــ خۇدا ئۆگەتكەن سۆز (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). گەرچە بالائام ئەسكى ئادەم، ھەتتا «ساختا پەيغەمبەر» ۋە پالچى بولغىنى بىلەن، خۇدا مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-شەپقىتىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ \m پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟ \m \v 9 مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، \m دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ \m مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، \m ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ.\x + \xo 23:9 \xt قان. 33‏:28\x* \m \v 10 ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ \m ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ \m مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، \m مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي!\f □ \fr 23:10 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «تولىلىقىدا توپىدەك بولغان ياقۇپنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟» ــ دېگەندەك بولۇشى كېرەك.\f* \m \v 11 بالاق بالائامغا قاراپ: — \m سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى. \m \v 12 — پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام. \m \v 13 بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى. \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى.\f □ \fr 23:14 \ft \+bd «زوفىمنىڭ دالاسى»\+bd* ــ ياكى «كۆزەتچىلەرنىڭ دالاسى».\f* \v 15 بالائام بالاققا: — \m سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى.\f □ \fr 23:15 \ft \+bd «كۆرۈشۈپ كېلەي»\+bd* ــ پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەلۋەتتە. بالائام بالاقنى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن، بەلكىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمايدۇ.\f* \v 16 پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — \m سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.\x + \xo 23:16 \xt چۆل. 22‏:35\x* \v 17 بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. \m — پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق. \b \m \s1 بالائامنىڭ ئىككىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى \m \v 18 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — \m «ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن، \m ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن. \m \v 19 تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، \m ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. \m ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ \m ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟\x + \xo 23:19 \xt 1سام. 15‏:29؛ ياق. 1‏:17\x* \m \v 20 مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى، \m ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن. \m \v 21 ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، \m ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. \m خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، \m پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر.\f □ \fr 23:21 \ft \+bd «ناھەقلىق»\+bd* ــ ياكى «بالايئاپەت» ياكى «بالايئاپەتنىڭ سەۋەبى». \+bd «پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى»\+bd* ــ ياكى «پادىشاھنىڭ (قارشى ئېلىنىش) تەنتەنىسى».\f*  \x + \xo 23:21 \xt زەب. 32‏:1، 2؛ 51‏:9-10؛ يەر. 50‏:20؛ رىم. 4‏:7\x* \m \v 22 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛ \m ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر.\f □ \fr 23:22 \ft \+bd «ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرى باردۇر».\f*  \x + \xo 23:22 \xt چۆل. 24‏:8\x* \m \v 23 چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ، \m ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ. \m ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، \m ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: — \m «تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!» \m دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ! \m \v 24 مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، \m ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ \m ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، \m ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، \m ھەرگىز ياتمايدۇ!». \m \v 25 بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى. \m \v 26 بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى. \b \m \s1 بالائامنىڭ ئۈچىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى \m \v 27 بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى. \v 28 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى. \m \v 29 بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى. \v 30 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى. \b \b \m \c 24 \m \v 1 بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى \add ئىككى\add* قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى. \v 2 بالائام بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە بويىچە چېدىرلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆردى، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىغا كالام سۆزىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: — \m «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، \m كۆزى ئېچىلمىغان ئادەمنىڭ ئېيتىدىغان كالام سۆزى، \m \v 4 يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، \m ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، \m مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى: —\f □ \fr 24:4 \ft \+bd «كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەم ئېيتىدىغان كالام سۆزى»، يەنى «تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى». مۇمكىنچىلىكى باركى، بالائام 22-بابتىكى ۋەقەنى ئەسلەيدۇ؛ شۇ چاغدا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نى ئۇنىڭ ئېشىكى كۆرگەن، ئەمما ئۇ كۆرمىگەن، ئاندىن خۇدا «ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچتى».\f* \m \v 5 ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، \m تۇرالغۇلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئاھ ئىسرائىل! \m \v 6 گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك، \m خۇددى دەريا بويىدىكى باغلاردەك، \m گويا پەرۋەردىگار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۇد دەرەخلىرىدەك، \m دەريا بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەك؛ \m \v 7 سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، \m ئەۋلادلىرى سۈيى مول جايلاردا بولىدۇ؛ \m پادىشاھى ئاگاگدىن ئېشىپ كېتىدۇ، \m ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈن قىلىنىپ گۈللىنىدۇ.\f □ \fr 24:7 \ft \+bd «ئاگاگ»\+bd* — بەلكىم ئامالەك ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى ئىدى. «1سام.» 8:15نى كۆرۈڭ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «گوگ».\f* \m \v 8 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، \m ئۇنىڭدا ياۋا بۇقىنىڭ كۈچى باردۇر؛ \m دۈشمەن ئەللەرنى ئۇ يەپ كېتىدۇ، \m ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ، \m ئوقيا ئېتىپ ئۇلارنى تېشىپ تاشلايدۇ.\x + \xo 24:8 \xt چۆل. 23‏:22\x* \m \v 9 ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، \m ياتسا ھەم چىشى شىردەك، \m كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ \m كىم ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە، بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. \m كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ».\x + \xo 24:9 \xt يار. 49‏:9؛ چۆل. 23‏:24\x* \m \v 10 بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا: — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە! \v 11 ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى. \m \v 12 بالائام بالاققا: — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە: \v 13 «بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى-يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟\x + \xo 24:13 \xt چۆل. 22‏:18\x* \v 14 ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى. \b \m \s1 بالائامنىڭ تۆتىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى \m \v 15 ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — \m بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، \m كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى، \m \v 16 تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، \m ھەممىدىن ئالىينىڭ ۋەھىيلىرىنى بىلگۈچى، \m ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، \m مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى: —\f □ \fr 24:16 \ft \+bd «كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى»\+bd* — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەم ئېيتىدىغان كالام سۆزى» — دېمەك «تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، كۆزى ئوچۇق دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى».\f* \m \v 17 مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛ \m مەن ئۇنىڭغا قارايمەن، لېكىن يېقىن يەردىن ئەمەس؛ \m ياقۇپتىن چىقار بىر يۇلتۇز، \m كۆتۈرۈلەر ئىسرائىلدىن بىر شاھانە ھاسا؛ \m چېقىۋېتەر ئۇ موئابنىڭ چېكىسىنى، \m بارلىق شېتلەرنىڭ بېشىنى يانجىيدۇ.\f □ \fr 24:17 \ft \+bd «يېقىن يەردىن ئەمەس»\+bd* — ياكى «پات ئارىدا ئەمەس». \+bd «شېتلەر»\+bd* ــ مەلۇم قەبىلىنى ياكى تېخىمۇ مۇمكىنچىلىكى باركى، ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى شېتنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى (نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان) بارلىق ئىنسانلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ بېشارەت مەسىھنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شېتلەر» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «غوۋغا-توپىلاڭ كۆتۈرگۈچىلەر». \+bd «بېشارەتنى شەرھلەش»\+bd* — بۇ بېشارەت (16-19) ئاۋۋال داۋۇت پادىشاھنى، ئاندىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېشارەتتە داۋۇت پادىشاھنىڭ موئاب، ئېدوم ۋە سېئىرنى (سېئىر ئېدوم تۇرغان يۇرتنىڭ باشقا بىر ئىسمى) ئىشغال قىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ، دەرۋەقە داۋۇت ئۇ يەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ («2سام.» 2:8، «زەب.» 1:60-2). ئاخىرقى زاماندا مەسىھ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە شۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 24:17 \xt يەر. 48‏:45\x* \m \v 18 ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، \m يەنە تېخى دۈشمىنى سېئىرلار ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ؛ \m ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق قىلىدۇ. \m \v 19 ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ، \m شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ».\f □ \fr 24:19 \ft \+bd «شەھەر»\+bd* ــ بەلكىم موئابنىڭ پايتەختىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «شەھەردە قالغان ھەممەيلەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شەھەرنىڭ قالدۇقى» (دېمەك، شەھەرنىڭ قالغان يەرلىرى).\f*  \x + \xo 24:19 \xt 2سام. 8‏:14\x* \b \m \s1 بالائامنىڭ ئاخىرقى بىشارىتى \m \v 20 ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — \m «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش، \m ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر-قىسمىتى».\f □ \fr 24:20 \ft \+bd «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش»\+bd* ــ بەلكىم ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. ئامالەك دېگەن ئەل ئىسرائىلغا بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلغانىدى، بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئەللەرنىڭ بېشى» دەپ چاغلىغان بولۇشى مۇمكىن ــ لېكىن ئۇلار ھالاك بولىدۇ. بۇ ئىش ئاۋۋال سائۇل پادىشاھ («1سام.» 14-15-باب) ئاندىن داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق («1سام.» 8:27، «2سام.» 8:12)، ئاخىرىدا شىمېئونلار ئارقىلىق بولغان («2تار.» 43:4).\f* \b \m \v 21 ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — \m «سېنىڭ ماكانىڭ مۇستەھكەم بولۇپ، \m چاڭگاڭ قورام تاش ئىچىدە بولسىمۇ، \m \v 22 لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛ \m تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە». \f □ \fr 24:22 \ft \+bd «ئاشۇر»\+bd* — ئاسۇرىيەنى كۆرسىتىدۇ. بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى تىگلات-پىلەسەر III مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 742-يىلى، شالمانئەزەر V مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى كېنىيلەرنى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىپ، ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئالىملار بېشارەتنى باشقا بىر «ئاشۇر» دەپ ئاتالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ («يار.» 3:25، «2سام.» 9:2).\f* \b \m \v 23 بالائام يەنە كالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m «ئاھ ، تەڭرى بۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا، \m كىم تىرىك قېلىشقا قادىر بولار؟ \m \v 24 كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ، \m زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئاشۇرغا، \m زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئېبەرگە؛ \m لېكىن \add كىتتىمدىن كەلگۈچى\add* ئۆزىمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنەر. \f □ \fr 24:24 \ft \+bd «ئېبەر»\+bd* — ئىبرانىيلارنىڭ ئەجدادىنى، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «كىتتىم»\+bd* — تەۋراتنىڭ ئاۋۋالقى دەۋرلىرىدە «كىتتىم» كرېتلەرنى كۆرسىتەتتى. بېشارەت ئاۋۋال مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 13-ئەسىردە فىلىستىيلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «كىتتىم» دېگەن بۇ ئىسىم ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىن ياكى مەغرىب تەرەپتىن كېلىپ تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەرقايسى ئەللەرنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ بېشارەت يەنە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 190-يىلى باشلانغان) كۆرسىتىشى مۇمكىن («دان.» 30:11نى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ئاخىر بېرىپ رىم ئىمپېرىيەسى ھالاك بولدى؛ ئۇ ئاخىر زاماندا يەنە بىر قېتىم دەججالنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ، يەنە بىر شەكىلدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ ئاخىردا مەسىھ دەججالنىڭ ئىمپېرىيەسىنى مۇتلەق ھالاك قىلىدۇ.\f* \b \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن بالائام ئورنىدىن قوپۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتتى؛ بالاقمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى. \b \b \m \c 25 \s1 ئىسرائىللارنىڭ پېئوردا ئېزىقتۇرۇلۇپ بۇزۇقلۇق قىلىشى \m \v 1 ئىسرائ‍ىللار شىتتىمدا تۇرغان مەزگىلدە، خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى.\x + \xo 25:1 \xt چۆل. 31‏:16؛ 33‏:49\x* \v 2 ئۇ قىزلار ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىقلارغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ \add ئىسرائ‍ىللارمۇ\add* قۇربانلىقلاردىن يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىرلىكتە چوقۇنىدىغان بولدى.\x + \xo 25:2 \xt زەب. 106‏:28؛ ھوش. 9‏:10\x* \v 3 ئىسرائ‍ىللار بائال-پېئور بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا ئاچچىقى قوزغالدى.\f □ \fr 25:3 \ft \+bd «بائال»\+bd* ــ بۇتنىڭ ئىسمى؛ «بائال-پېئور» دېگەن سۆز پېئور دېگەن جاينى «ئالاھىدە باشقۇرغان بائال»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 25:3 \xt زەب. 106‏:29\x* \v 4 پەرۋەردىگار مۇساغا: — \m پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ئىسرائ‍ىللارغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاپتاپتا ئېسىپ قويغىن، — دېدى.\x + \xo 25:4 \xt قان. 4‏:3؛ يە. 22‏:17\x* \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىلنىڭ سوراقچىلىرىغا: — سىلەر بېرىپ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بائال-پېئور بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، — دېدى. \m \v 6 ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائ‍ىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. \v 7 كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ،\x + \xo 25:7 \xt زەب. 106‏:30\x* \v 8 ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى. \v 9 شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى.\x + \xo 25:9 \xt 1كور. 10‏:8\x* \v 10 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — \m \v 11 — «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائ‍ىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم.\x + \xo 25:11 \xt 2كور. 11‏:2\x* \v 12 شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن!\x + \xo 25:12 \xt زەب.106‏:31\x* \v 13 بۇ \add ئەھدە\add* ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن». \m \v 14 ئۆلتۈرۈلگەن يەنى ھېلىقى مىدىيانىي قىز بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى، شىمېئون قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئەمىرى ئىدى. \v 15 ئۆلتۈرۈلگەن مىدىيانىي قىزنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، زۇرنىڭ قىزى ئىدى؛ زۇر بولسا مىدىيانىي بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. \v 16 پەرۋەردىگار مۇساغا: — \m \v 17 سەن مىدىيانىيلارغا ئارام بەرمەي زەربە بەرگىن؛\x + \xo 25:17 \xt چۆل. 31‏:2\x* \v 18‏-19 چۈنكى ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرگە ئارام بەرمىگەن؛ پېئوردىكى ئىشتا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىڭلىسى بولغان مىدىياننىڭ بىر ئەمىرىنىڭ قىزى كوزبىنىڭ ئىشىدىمۇ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرنى ئازدۇرغان، — دېدى. كوزبى ۋابا تارقالغان كۈنىدە پېئوردىكى ئىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى.\x + \xo 25:18‏-19 \xt ۋەھ. 18‏:6\x* \b \b \m \c 26 \s1 ئىسرائىللارنىڭ ئىككىنچى قېتىم ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى \m \v 1 ۋابادىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا سۆز قىلىپ: —\f □ \fr 26:1 \ft \+bd ۋابادىن كېيىن\+bd* — بۇ ۋابا بىلەن ئەينى چاغدا پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان چوڭلارنىڭ قالدۇقلىرى ئۆلتۈرۈلدى (64-65-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 2 سىلەر پۈتكۈل ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتى ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ئاتا جەمەتى بويىچە ھېسابلاپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى.\x + \xo 26:2 \xt چۆل. 1‏:3\x* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى يېرىخونىڭ يېنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا ئىسرائ‍ىللار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارغا: \v 4 «پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى \add تىزىملىنىپ\add* ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. \add تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى\add*: —\f □ \fr 26:4 \ft \+bd ھەممىسى تىزىملىنىپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك\+bd* — بۇ ساناقتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسەتلىرى شۈبھىسىزكى: \fp (1) قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلار كۆپ قېتىم جەڭگە چىقىشى كېرەك بولاتتى. شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر جەڭچىسى سەپ-سەپلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك؛ \fp (2) ئۇلار قانائان زېمىنىغا كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ پات ئارىدا شۇ زېمىن ھەربىر قەبىلىگە، جەمەتكە، ئائىلىگە سانلىرىغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ (16:34-29). شۇڭا خەلقنىڭ سانلىرى قەبىلە-جەمەت بويىچە تەپسىلىي ئېنىقلىنىشى كېرەك ئىدى؛ \fp (3) خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بىلەن ئەسلىدە ئۆزىگە قارشى چىققان «چوڭلار»نىڭ ھەممىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بولدى (64-65-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 26:4 \xt چۆل. 1‏:1، 2، 3\x* \m \v 5 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛\x + \xo 26:5 \xt يار. 46‏:9؛ مىس. 6‏:14؛ 1تار. 5‏:1\x* \v 6 ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى. \v 7 بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى. \m \v 8 پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ \v 9 ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى.\f □ \fr 26:9 \ft \+bd «چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ»\+bd* — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چاقىرىلغان بولسىمۇ،...»\f*  \x + \xo 26:9 \xt چۆل. 16‏:12\x* \v 10 يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن. \v 11 لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن. \m \v 12 شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛\f □ \fr 26:12 \ft \+bd «نەمۇئەل»\+bd* — «يار.» 10:46دە «يەمۇئەل».\f* \v 13 زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى. \v 14 بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 15 گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛ \v 16 ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛ \v 17 ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى. \v 18 بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 19 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن.\x + \xo 26:19 \xt يار. 38‏:7، 10؛ 46‏:12\x* \v 20 يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى. \v 21 پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى.\x + \xo 26:21 \xt يار. 46‏:12\x* \v 22 بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 23 ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛ \v 24 ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى. \v 25 بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 26 زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى. \v 27 بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 28 يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى: — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى. \v 29 ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى: — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى.\x + \xo 26:29 \xt يە. 17‏:1\x* \v 30 تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى: — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛ \v 31 ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛ \v 32 شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى. \v 33 ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھاد ئوغۇل پەرزەنت كۆرمەي قىز پەرزەنت كۆرگەن؛ زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، تىرزاھ ئىدى.\x + \xo 26:33 \xt چۆل. 27‏:1\x* \v 34 بۇلار ماناسسەھنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 35 تۆۋەندىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە: — شۇتىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇتىلاھ جەمەتى؛ بەكەرنىڭ نەسلىدىن بولغان بەكەر جەمەتى؛ تاھاننىڭ نەسلىدىن بولغان تاھان جەمەتى. \v 36 شۇتىلانىڭ ئەۋلادلىرى ئېراننىڭ نەسلىدىن بولغان ئېران جەمەتى. \v 37 مانا بۇلار ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى جەمەتلەر بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. جەمەتلىرى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. \m \v 38 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، بېلانىڭ نەسلىدىن بولغان بېلا جەمەتى؛ ئاشبەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاشبەل جەمەتى؛ ئاھىرامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاھىرام جەمەتى؛ \v 39 شەفۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇفام جەمەتى؛ ھۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان ھۇفام جەمەتى.\f □ \fr 26:39 \ft \+bd «شەفۇفامنىڭ»\+bd* ــ ياكى «شۇفامنىڭ».\f* \v 40 ئارد بىلەن نائامان بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئاردنىڭ نەسلىدىن بولغان ئارد جەمەتى؛ نائاماننىڭ نەسلىدىن بولغان نائامان جەمەتى. \v 41 بۇلار بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 42 تۆۋەندىكىلەر داننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە، شۇھامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇھام جەمەتى؛ جەمەت بويىچە بۇلار داننىڭ جەمەتلىرى ئىدى. \v 43 شۇھامنىڭ ھەممە جەمەتى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 44 ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، يىمناھنىڭ نەسلىدىن بولغان يىمناھ جەمەتى؛ يېشۋىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېشۋى جەمەتى؛ بېرىياھنىڭ نەسلىدىن بولغان بېرىياھ جەمەتى. \v 45 بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ھەبەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەبەر جەمەتى؛ مالكىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان مالكىئەل جەمەتى. \v 46 ئاشىرنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى سېراھ ئىدى.\f □ \fr 26:46 \ft \+bd «سېراھ»\+bd* ــ ياكى «ساراھ».\f* \v 47 بۇلار ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 48 نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ياھزىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ياھزىئەل جەمەتى؛ گۇنىنىڭ نەسلىدىن بولغان گۇنى جەمەتى؛ \v 49 يەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەزەر جەمەتى؛ شىللەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شىللەم جەمەتى. \v 50 بۇلار نافتالىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. \m \v 51 يۇقىرىقىلار ئىسرائ‍ىللاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئادەم چىقتى. \m \v 52 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 53 زېمىن مۇشۇلارغا رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنسۇن.\f □ \fr 26:53 \ft \+bd «رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەم ئىسمى بىلەن ئېلىنغان سان بويىچە».\f* \v 54 مىراسنى ئادەم سانى كۆپ قەبىلىلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئاز قەبىلىلەرگە ئازراق بۆل؛ مىراس رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەم سانىغا قاراپ ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلسۇن.\x + \xo 26:54 \xt چۆل. 33‏:54\x* \v 55 ھالبۇكى، زېمىن چەك تاشلىنىش يولى بىلەن بۆلۈنسۇن؛ ئۇلار مىراسقا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەت-قەبىلىسىنىڭ نامى بويىچە ۋارىسلىق قىلسۇن.\x + \xo 26:55 \xt چۆل. 33‏:54؛ يە. 11‏:23؛ 14‏:2\x* \v 56 مىراس ئۇلارغا چەك تاشلاش يولى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھەربىر \add ئائىلە-جەمەتكە\add* بۆلۈپ بېرىلسۇن. \m \v 57 تۆۋەندىكىلەر ئاتا جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار: — گەرشوننىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون جەمەتى؛ كوھاتنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھات جەمەتى؛ مەرارىنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارى جەمەتى.\x + \xo 26:57 \xt مىس. 6‏:17، 18، 19، 20\x* \v 58 بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى: — لىبنى جەمەتى، ھېبرون جەمەتى، ماھلى جەمەتى، مۇشى جەمەتى، كوراھ جەمەتى. كوھاتتىن ئامرام تۆرەلگەن. \v 59 ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ مىسىردا تۇغۇلغان قىزى ئىدى؛ ئۇ ئامرامغا ھارۇن، مۇسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاچىسى مەريەمنى تۇغۇپ بەرگەن.\x + \xo 26:59 \xt مىس. 2‏:1، 2؛ 6‏:19\x* \m \v 60 ھارۇندىن ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار تۆرەلگەن. \v 61 لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا غەيرىي بىر ئوتنى سۇنغاندا ئۆلۈپ كەتكەن.\f □ \fr 26:61 \ft \+bd «غەيرىي ئوت»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقە «لاۋ.» 10-بابتا خاتىرىلىنىدۇ؛ «لاۋ.» 1:10دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 26:61 \xt لاۋ. 10‏:2؛ چۆل. 3‏:4؛ 1تار. 24‏:2\x* \v 62 لاۋىيلار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان بارلىق ئەركەكلەر ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يىگىرمە ئۈچ مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، چۈنكى ئۇلارغا ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراس \add زېمىن\add* بۆلۈپ بېرىلمىگەن. \m \v 63 يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئادەملەر موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر. \v 64 بىراق بۇ ئادەملەر ئىچىدە مۇسا بىلەن كاھىن ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. \v 65 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار توغرىسىدا: «ئۇلار چۆلدە ئۆلمەي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئادىن باشقا بىرىمۇ قالمىغان.\x + \xo 26:65 \xt چۆل. 14‏:28، 29، 34، 35؛ 1كور. 10‏:5، 6\x* \b \b \m \c 27 \s1 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى — مىراس توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر \m \v 1 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ نەسلىدىن بولغان جەمەتلەر ئىچىدە ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، ۋە تىرزاھ ئىدى.\x + \xo 27:1 \xt چۆل. 26‏:33؛ 36‏:2؛ يە. 17‏:3\x* \v 2 ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ۋە ئەمىرلەر بىلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: \v 3 — بىزنىڭ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ھۇجۇم قىلغىلى يىغىلغانلاردىن ئەمەس، يەنى كوراھ گۇرۇھىدىكىلەردىن ئەمەس؛ ئۇ بەلكى ئۆز گۇناھى ئىچىدە ئۆلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىدى.\x + \xo 27:3 \xt چۆل. 14‏:35؛ 16‏:1؛ 26‏:64\x* \v 4 نېمە ئۈچۈن ئاتىمىزنىڭ ئوغلى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نامى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بۆلۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، — دېدى. \m \v 5 مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. \v 6 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 7 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن.\x + \xo 27:7 \xt چۆل. 36‏:2\x* \v 8 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار. \v 9 قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار. \v 10 قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار. \v 11 ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائ‍ىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن». \b \m \s1 يەشۇئانىڭ مۇسانىڭ ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى \m \v 12 پەرۋەردىگار مۇساغا: — \m سەن ماۋۇ ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قاراپ باق.\f □ \fr 27:12 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* — «قان.» 1:31-8نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:12 \xt قان. 32‏:48، 49\x* \v 13 كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەنمۇ ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن.\f □ \fr 27:13 \ft \+bd «ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن»\+bd* — بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «يار.» 8:25 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:13 \xt چۆل. 20‏:24\x* \v 14 چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى.\x + \xo 27:14 \xt چۆل. 20‏:12\x* \m \v 15 مۇسا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلىپ: \v 16‏-17 — ئى پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، ئۆز جامائىتىنىڭ پادىچىسىز پادىدەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جامائەتنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئۇلارنى باشلاپ ماڭالايدىغان بىر ئادەمنى تىكلەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن، — دېدى. \f □ \fr 27:16‏-17 \ft \+bd «ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «(خەلقنىڭ) ئالدىدا چىقىپ كىرەلەيدىغان». بۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا خەلقنى سىرتتىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ۋە ئىچكى ئىشلارنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلالايدىغان دېگەننى بىلدۈرىدۇ. \+bd «باشلاپ ماڭالايدىغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «باشلاپ چىقىپ كىرەلەيدىغان». يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:16‏-17 \xt چۆل. 16‏:22؛ ئىبر. 12‏:9؛ 1پاد. 22‏:17؛ مات. 9‏:36؛ مار. 6‏:34\x* \m \v 18 سەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى تاللىغىن، — دېدى پەرۋەردىگار مۇساغا، — ئۇنىڭدا روھىم بار، سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قوي،\f □ \fr 27:18 \ft \+bd «روھىم بار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ بار» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.\f*  \x + \xo 27:18 \xt قان. 3‏:21؛ 34‏:9 \x* \v 19 ئۇنى كاھىن ئەلىئازار ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەزىپىگە قوي. \v 20 سەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت-شۆھرىتىڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن. \v 21 ئۇ كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن، \add ئەلىئازار\add* ئۇرىمنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يول سورىسۇن؛ ئىسرائىل خەلقى، يەنى پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىرىشى كېرەك.\f □ \fr 27:21 \ft \+bd «ئۇرىم»\+bd* ــ بىرخىل تاش ئىدى. ئۇلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھازىر بىر نېمە دېمەك تەس. لېكىن ئۇلار ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئىزدەيدىغانلارغا يول كۆرسىتەتتى. «مىس.» 30:28 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:21 \xt مىس. 28‏:30؛ لاۋ. 8‏:8\x* \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يەشۇئانى باشلاپ كېلىپ، كاھىن ئەلىئازارنىڭ ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى؛ \v 23 \add ئەلىئازار\add* قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ۋەزىپىگە قويدى. \b \b \m \c 28 \s1 دائىملىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنى كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش توغرىسىدىكى نىزام \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —\f □ \fr 28:1 \ft \+bd «دائىملىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق»\+bd* ــ ياكى «كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، ياكى «دائىملىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق». «مىس.» 38:29-46نىمۇ كۆرۆڭ.\f* \m \v 2 سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇپ: — «ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى بولسا، سىلەر ھەربىرىنى بېكىتىلگەن قەرەلىدە سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» — دېگىن. \v 3 سەن ئۇلارغا يەنە: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلار مۇنداق بولىدۇ: — ھەر كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئىككىنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار.\x + \xo 28:3 \xt مىس. 29‏:38\x* \v 4 ئەتىگىنى بىرنى، گۇگۇمدا بىرنى سۇنۇڭلار؛\f □ \fr 28:4 \ft \+bd «گۇگۇم»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىت بىلەن قاراڭغۇ چۈشۈش ئارىلىقىدا بولغان ۋاقىت.\f* \v 5 يەنە تۆتتىن بىر ھىندىن سوقۇپ چىقىرىلغان زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.\f □ \fr 28:5 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* — تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر ئىدى. بىر ھىن تەخمىنەن 3.6 لىتر ئىدى.\f*  \x + \xo 28:5 \xt مىس. 16‏:36؛ 29‏:40؛ لاۋ. 2‏:1 \x* \v 6 سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق مانا شۇدۇر. \v 7 ھەربىر قوزا ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى تۆتتىن بىر ھىن شاراب بولىدۇ؛ ئېچىتما ئىچىملىك بولغان شاراب ھەدىيەسى مۇقەددەس جايدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇپ تۆكۈلسۇن.\f □ \fr 28:7 \ft \+bd «مۇقەددەس جاي»\+bd* — مۇشۇ يەردە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 8 سەن ئىككىنچى بىر قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنكىدەك ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىلەن قوشۇپ سۇنغىن؛ ئۇ خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. \b \m \s1 شابات كۈنى سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق \m \v 9 — شابات كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزا سۇنۇلسۇن؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن ۋە شاراب ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن؛ \v 10 بۇ ھەربىر شابات كۈنىدە سۇنۇلىدىغان شابات كۈنىدىكى قۇربانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ بىلەن دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \b \m \s1 ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق \m \v 11 — ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ يەنى ئىككى ياش تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بېجىرىم يەتتە ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. \v 12 ھەر تورپاق بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، قوشقارغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، \v 13 ھەربىر قوزا بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. \v 14 ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بولسا: — ھەربىر تورپاق بېشىغا شارابتىن يېرىم ھىن، قوشقار بېشىغا ھىننىڭ ئۈچتىن بىرى، ھەربىر قوزا بېشىغا ھىننىڭ تۆتتىن بىرى سۇنۇلسۇن. بۇ ھەر ئايدا سۇنۇلىدىغان ئايلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، يىلنىڭ ھەر ئېيىدا شۇنداق قىلىنسۇن. \v 15 بۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان گۇناھ قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە شاراب ھەدىيەسى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن. \b \m \s1 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ھەم «پېتىر نان ھېيتى»دىكى قۇربانلىقلار \m \v 16 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» \add قوزىسى سۇنۇلسۇن\add*.\f □ \fr 28:16 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسى سۇنۇلسۇن»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» بولىدۇ». بۇ ھېيت توعرۇلۇق «لاۋ.» 5:23-14نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 28:16 \xt مىس. 12‏:18؛ 23‏:15؛ لاۋ. 23‏:5\x* \v 17 شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت باشلىنىدۇ؛ يەتتە كۈن پېتىر نان يىيىلسۇن. \v 18 بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈلسۇن، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك،\x + \xo 28:18 \xt لاۋ. 23‏:7\x* \v 19 شۇ كۈنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، بىر قوچقار ۋە يەتتە بىر ياشلىق ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار؛ ئۇلار ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن؛ \v 20 شۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، \v 21 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ \v 22 شۇنىڭدەك \add گۇناھىڭلار\add* ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. \v 23 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن ئايرىم سۇنۇڭلار. \v 24 سىلەر بۇ تەرىقىدە ئۇدا يەتتە كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئاشۇنداق ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇپ سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسىنىڭ سىرتىدا سۇنۇلىدۇ. \v 25 يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. \b \m \s1 «ھەپتىلەر ھېيتى» يەنى «دەسلەپكى ئورما ھېيتى»دىكى قۇربانلىقلار \m \v 26 «دەسلەپكى ئورما» كۈنى، يەنى «ھەپتىلەر ھېيتى»ڭلاردا سىلەر يېڭى ئاشلىق ھەدىيەنى پەرۋەردىگارغا سۇنغان چاغدا مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.\f □ \fr 28:26 \ft \+bd ««دەسلەپكى ئورما»، يەنى «ھەپتىلەر ھېيتى»ڭلاردا»\+bd* — ياكى «يەنى (سىلەر) ھەپتەڭلارنى (دېمەك، يەتتە ھەپتە) ئۆتكۈزگەندىن كېيىن». «لاۋ.» 15:23-22نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 27 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار. \v 28 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، \v 29 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ \v 30 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ \add گۇناھىڭلار ئۈچۈن\add* كافارەت كەلتۈرۈشكە \add گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە\add* بىر تېكە سۇنۇلسۇن. \v 31 شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىگە قوشۇپ ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›، شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن. \b \b \m \c 29 \s1 كاناي چېلىش ھېيتىدىكى قۇربانلىقلار •••• «لاۋ.» 23:23-25نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 1 يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ \add ئۇ كۈنى\add* ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن كانايلار چېلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ.\f □ \fr 29:1 \ft \+bd «مۇقەددەس يىغىلىش»\+bd* — «مۇقەددەس يىغىلىش»لار ياكى «مۇقەددەس سورۇن»لار توغرۇلۇق «لاۋ.» 2:23 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 29:1 \xt لاۋ. 23‏:24\x* \v 2 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، يەتتە بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. \v 3 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، \v 4 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ \v 5 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ \add گۇناھىڭلار ئۈچۈن\add* كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. \v 6 شۇلارنى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارغا قۇشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەلىرىنىڭ سىرتىدا سۇنۇڭلار؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىرى بەلگىلىمە بويىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. \b \m \s1 كافارەت كۈنى سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلار •••• «لاۋ.» 26:23-32نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 7 يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ.\f □ \fr 29:7 \ft \+bd «نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ ئىشلار روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 29:16-31نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 29:7 \xt لاۋ. 16‏:29، 31؛ 23‏:27\x* \v 8 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›.\x + \xo 29:8 \xt چۆل. 28‏:19\x* \v 9 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، \v 10 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، \v 11 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كافارەت كۈنىدىكى گۇناھ قۇربانلىقى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. \b \m \s1 «كەپىلەر ھېيتى»دىكى قۇربانلىقلار •••• «لاۋ.» 33:23-44نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 12 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛ \v 13 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئون ئۈچنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›. \v 14 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ئون ئۈچ تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، ئىككى قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، \v 15 ئون تۆت قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، \v 16 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 17 ئىككىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئون ئىككىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 18 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. \v 19 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 20 ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 21 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ \v 22 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 23 تۆتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئوننى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 24 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ \v 25 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 26 بەشىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن توققۇزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 27 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ \v 28 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 29 ئالتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن سەككىزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 30 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ \v 31 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 32 يەتتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن يەتتىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 33 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ \v 34 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 35 سەككىزىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.\x + \xo 29:35 \xt لاۋ. 23‏:36\x* \v 36 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› \v 37 ھەمدە تورپاق، قوچقار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ \v 38 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدىمۇ بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. \m \v 39 بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئەنە شۇلاردۇر؛ سىلەرنىڭ قەسەمگە باغلىق ياكى ئىختىيارەن سۇنىدىغانلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلار، شاراب ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدىدۇر. \v 40 شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىسرائ‍ىللارغا ئۇقتۇردى. \b \b \m \c 30 \s1 قەسەم قىلىش نىزامى \m \v 1 مۇسا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرى مۇنداق: — \m \v 2 ئەگەر بىراۋ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچكەن بولسا ياكى ئۆز ئۆزىنى چەكلىمەكچى بولۇپ قەسەم ئىچكەن بولسا، لەۋزىدىن قايتىشقا بولمايدۇ، ھامان ئاغزىدىن چىققان ھەممە گەپ بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك.\x + \xo 30:2 \xt قان. 23‏:20\x* \m \v 3 قىز بالا ياش بولۇپ، تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەن بولسا، \v 4 ئەمما ئاتىسى قىزىنىڭ قەسىمىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ۋە قىزىنىڭ ئالدىدا ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ھەممە ۋەدىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. \v 5 لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاڭلىغان چاغدا ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىدىن ھېچبىرى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئاتىسى ئۇنى توسقان بولغاچقا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇنى كەچۈرىدۇ. \m \v 6 — ئەگەر ئۇ قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە ئاغزىدا تەنتەكلىك بىلەن ۋەدە قىلغان ھالەتتە ئەرگە تەگكەن بولسا، \v 7 ئېرى شۇنى ئاڭلىغان بولسا، لېكىن ئاڭلىغان كۈنى ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە قىلغان گەپلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. \v 8 ئەگەر ئېرى ئاڭلىغان كۈنى ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسىمىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاغزىدىن چىقارغان تەنتەك گەپلىرىنى بىكار قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىناۋەتسىز بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. \m \v 9 لېكىن تۇل خوتۇن ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلار قىلغان قەسەم، يەنى ئۇنىڭ ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بولسا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. \v 10 ئەگەر ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قەسەم-ۋەدە ئىچكەن، \v 11 ئېرى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق شۈك تۇرۇۋېلىپ توسمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قىلغان قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. \v 12 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئاڭلاپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، ئايال ئاغزىدىن چىقارغان ۋەدە بېرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئېرى بۇلارنى رەت قىلغان بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. \m \v 13 ئايالنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۇنىڭ چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى چەكلەيمەن دەپ قىلغان قەسەم-ۋەدىسىنى ئۇنىڭ ئېرى ئىناۋەتلىكمۇ قىلالايدۇ، ئىناۋەتسىزمۇ قىلالايدۇ. \v 14 ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك تۇرۇۋېلىپ گەپ قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەرگەن بارلىق قىلغان قەسەملىرىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان ھەممە ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتلىك قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئېرىنىڭ ئاڭلاپ تۇرغان كۈنىدە گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىدۇر. \v 15 لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. \m \v 16 يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى، يەنى ئېرى بىلەن ئايالى، ئاتا بىلەن ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان، تېخى ياشلىقىدا بولغان قىزى ئوتتۇرىسىدىكى نىزام-بەلگىمىلەردۇر. \b \b \m \c 31 \s1 مىدىيانلارغا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — \m \v 2 سەن مىدىيانلاردىن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىنتىقامىنى ئال، ئاندىن ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن، — دېدى.\x + \xo 31:2 \xt چۆل. 25‏:17؛ 27‏:13 \x* \m \v 3 مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: — ئاراڭلاردىن جەڭگە چىقىشقا بىر تۈركۈم ئادەملەرنى قوراللاندۇرۇڭلار؛ ئاندىن ئۇلار مىدىيانلاردىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا ئاتلانسۇن. \v 4 سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەڭ قىلىشقا مىڭدىن ئادەم ماڭدۇرۇڭلار. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن مىڭدىن، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ ئادەم جەڭ قىلىشقا قوراللاندۇرۇلدى. \v 6 مۇسا ھەر قەبىلىدىن مىڭدىن ئادەمنى جەڭ قىلىشقا ماڭدۇردى ھەمدە ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدۇردى، فىنىھاسنىڭ قولىدا مۇقەددەس ئەسۋابلار ۋە ئاگاھ كاناي بار ئىدى.\f □ \fr 31:6 \ft \+bd «مۇقەددەس ئەسۋابلار»\+bd* ــ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» بولۇشى مۇمكىن. «ئاگاھ كاناي» بەلكىم 2:10دە تىلغا ئېلىنغان ئىككى كاناي ئىدى.\f* \m \v 7 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛\f □ \fr 31:7 \ft \+bd «مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ مىدىيانلار توغرۇلۇق بۇ بۇيرۇقى 16:25-18دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ. «ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى» ــ جەڭگە قاتناشقان ئەركەكلەر، ئەلۋەتتە.\f* \v 8 مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا، يەنە مىدىياننىڭ ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا دېگەن بەش پادىشاھىنى ئۆلتۈردى؛ يەنە بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.\x + \xo 31:8 \xt يە. 13‏:21، 22\x* \v 9 ئىسرائ‍ىللار مىدىيانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ پۈتۈن چارۋا ماللىرى، قوي پادىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلدى؛ \v 10 ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى بارلىق شەھەر ۋە بارلىق بارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى؛ \v 11 ئۇلار ئادەم بولسۇن مال بولسۇن بارلىق غەنىيمەت، بارلىق ئولجىنى ئېلىپ كەتتى؛\x + \xo 31:11 \xt قان. 20‏:14\x* \v 12 ئۇلار تۇتقان ئەسىرلەرنى ھەم ئولجا-غەنىيمەتنى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىگە، ئىئوردان دەرياسى بويىغا جايلاشقان يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى بارگاھقا ئەكىلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازارغا، شۇنداقلا ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتىگە تاپشۇردى. \v 13 مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. \m \v 14 لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتقان ھەربىي سەردارلارغا، يەنى مىڭبېشى، يۈزبېشىلارغا خاپا بولۇپ: — \m \v 15 سىلەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇردۇڭلارمۇ؟ \v 16 قاراڭلار، دەل شۇلار بالائامنىڭ ھىيلە-مەسلىھەتى بىلەن پېئوردىكى ئىشتا ئىسرائ‍ىللارنى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 31:16 \ft \+bd « \+bd*\+bdit مىدىيانلىق ئاياللار\+bdit* ...ئىسرائ‍ىللارنى... گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟» ــ بۇ ۋابا توغرۇلۇق 1:25-3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 31:16 \xt چۆل. 25‏:1، 2، 18؛ 2پېت. 2‏:15؛ ۋەھ. 2‏:14 \x* \v 17 ئەمدى سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار.\x + \xo 31:17 \xt ھاك. 21‏:11\x* \v 18 بىراق ياش قىزلار، يەنى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلەرنى بولسا، ئۆزلىرىڭلارغا تىرىك قالدۇرۇڭلار.\f □ \fr 31:18 \ft \+bd «ياش قىزلار»\+bd* ــ ياكى «قىز بالىلار».\f* \m \v 19 سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن؛ سىلەر ۋە سىلەر ئەسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلسۇن.\f □ \fr 31:19 \ft \+bd «سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار... ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن»\+bd* ــ ياكى «ھەركىم ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن بولسا، سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن».\f* \v 20 بارلىق كىيىم-كېچەك، تېرە ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەر، تىۋىتتا توقۇلغان بارلىق نەرسىلەر ھەم ياغاچ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار، — دېدى. \m \v 21 كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان لەشكەرلەرگە: \m — مانا پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمە: \v 22 ئالتۇن، كۈمۈش، مىس. تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق \v 23 ئوتقا چىداملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پاك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ، يەنىلا «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» بىلەن پاكىزلاڭلار؛ ئوتقا چىدامسىز نەرسىلەرنى شۇ سۇدىن ئۆتكۈزۈڭلار.\x + \xo 31:23 \xt چۆل. 19‏:9\x* \v 24 يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، ئاندىن سىلەر پاك ھېسابلىنىسىلەر؛ ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرسەڭلار بولىدۇ، — دېدى. \b \m \s1 جەڭ غەنىيمەتلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى \m \v 25 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 26 سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغان ئولجا-غەنىمەتنىڭ، ئادەم بولسۇن، چارپاي بولسۇن، شۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ چىققىن؛ \v 27 ئولجا-غەنىيمەتنى ئىككىگە بۆل، يېرىمىنى جەڭگە چىققانلارغا بەر، قالغان يېرىمىنى بارلىق جامائەتكە بەر.\x + \xo 31:27 \xt 1سام. 30‏:24\x* \v 28 سەن يەنە چىقىپ جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەر ئالىدىغان ئادەم، كالا، ئېشەك ياكى قوي پادىلىرىدىن بەش يۈزدىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۈلۈش بولسۇن دەپ ئايرىغىن؛ \v 29 سىلەر شۇنى لەشكەرلەرگە تەۋە بولغان يېرىمىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇڭلار. \v 30 ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمىنىڭ ئادەم، كالا، ئېشەك، قوي پادىلىرى، شۇنداقلا ھەرخىل ھايۋانلاردىن ئەللىكتىن بىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار. \m \v 31 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. \m \v 32 ئەمدى ئولجا-غەنىيمەت، يەنى جەڭگە چىققان لەشكەرلەر ئېلىۋالغان نەرسىلەردىن قالغىنى قوي جەمئىي ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ، \v 33 كالا يەتمىش ئىككى مىڭ، \v 34 ئېشەك ئاتمىش بىر مىڭ، \v 35 ئەركەكلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن قىزلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ چىقتى. \v 36 جەڭگە چىققانلارنىڭ ئۈلۈشى، يەنى ئۇلارغا تەۋە يېرىمى، قوي جەمئىي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز؛ \v 37 بۇ قوي پادىلىرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئالتە يۈز يەتمىش بەش بولدى؛ \v 38 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى يەتمىش ئىككى بولدى. \v 39 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئاتمىش بىر بولدى. \v 40 ئادەم ئون ئالتە مىڭ چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئوتتۇز ئىككى ئادەم بولدى. \v 41 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئۈلۈشنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇپ بەردى.\x + \xo 31:41 \xt چۆل. 18‏:19،8\x* \m \v 42 ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمى، يەنى مۇسا جەڭگە چىقىپ كەلگەنلەردىن ئېلىپ بۆلۈپ بەرگىنى — \v 43 جامائەتكە تەۋە بولغان شۇ يېرىمى — قوي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز، \v 44 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، \v 45 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز، \v 46 ئادەم ئون ئالتە مىڭ ئىدى. \v 47 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان شۇ يېرىمىنىڭ، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ئەللىكتىن بىرىنى ئايرىپ ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا تاپشۇردى. \m \v 48 پۈتكۈل قوشۇننىڭ سەردارلىرى، مىڭ بېشى، يۈز بېشىلىرى مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، \v 49 مۇساغا: — خىزمەتكارلىرىنىڭ قول ئاستىدا جەڭ قىلغان لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى ساناقتىن ئۆتكۈزسەك بىرىمۇ كەم چىقمىدى. \v 50 شۇڭا، مانا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئېرىشكەنلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە قىلىمىز — ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت-قول زەنجىرلىرى، بىلەزۈك، مۆھۈر ئۈزۈك، زىرە-ھالقا، مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، — دېدى. \m \v 51 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئۇلار ئەكەلگەن ئالتۇنلارنى، يەنى ئالتۇندا ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملارنى ئالدى. \v 52 ئۇلارنىڭ مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىدىن ئالغىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇلدى؛ بارلىق ئالتۇن جەمئىي ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك شەكەل چىقتى \v 53 ‹لەشكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقانىدى›.\x + \xo 31:53 \xt قان. 20‏:14\x* \v 54 مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىنىڭ قولىدىن ئالتۇننى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن يادنامە قىلدى. \b \b \m \c 32 \s1 ئىككى قەبىلىنىڭ دەريانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى زېمىننى تەلەپ قىلغانلىقى \m \v 1 رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن گادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كالا پادىلىرى تولىمۇ كۆپەيگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ يائازەرنىڭ زېمىنى بىلەن گىلېئادنىڭ زېمىنىغا كۆزى چۈشتى؛ ۋە مانا، شۇ زېمىن چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان يەر ئىدى.\f □ \fr 32:1 \ft \+bd «ئىزاهات»\+bd* — «قان.» 12:3-22نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 2 شۇڭا ئۇلار مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: — \m \v 3 ئاتاروت، دىبون، يائازەر، نىمراھ، ھەشبون، ئەلەئالەھ، سەبام، نېبو، بەئون دېگەن يەرلەر،\f □ \fr 32:3 \ft \+bd «سىبماھ»\+bd* — ياكى «سىبماھ».\f* \v 4 يەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگار مەغلۇپ قىلىپ بەرگەن يەرلەر بولۇپ، چارۋا بېقىشقا باپ يەرلەر ئىكەن، قۇللىرىنىڭمۇ چارۋا مېلى بار، — دېدى \v 5 ۋە يەنە: — ئەگەر سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولساق، بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆت دېمەي، بۇ يەرنى بىزگە مىراس قىلىپ بەرسىلە، — دېدى. \m \v 6 مۇسا گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا: — قېرىنداشلىرىڭلار جەڭگە چىققان ۋاقتىدا سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرامتىڭلار؟ \v 7 سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائ‍ىللارنىڭ \add دەريادىن\add* ئۆتۈپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە كۆڭۇللىرىنى سوۋۇتۇسىلەر؟ \v 8 ئىلگىرى مەن قادەش-بارنېئادىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى شۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكىنىمدە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشقانىدى.\x + \xo 32:8 \xt چۆل. 13‏:3؛ قان. 1‏:22 \x* \v 9 ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا چىقىپ، ئۇ زېمىننى كۆرۈپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ كۆڭلىنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشتىن سوۋۇتقان. \v 10 شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قەسەم قىلىپ: \v 11 «مىسىردىن چىققان يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار چىن كۆڭلىدىن ماڭا ئەگەشمىگەچكە، ئۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا «سىلەرگە ئاتا قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى كۆرسە، \add مەن پەرۋەردىگار بولماي كېتەي\add*!\x + \xo 32:11 \xt چۆل. 14‏:28؛ قان. 1‏:35\x* \v 12 پەقەت كەنىززىيلەردىن بولغان يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا ماڭا چىن كۆڭلىدىن ئەگەشكەن بولغاچقا، زېمىننى كۆرەلەيدۇ»، دېگەنىدى. \v 13 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا ئاچچىقى قوزغالغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا رەزىل بولغاننى قىلغان ئەشۇ بىر ئەۋلاد ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، ئۇ ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرگەردانلىقتا يۈرگۈزدى. \v 14 ئەمدى مانا، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بولغان قاتتىق غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى بوپسىلەر-دە! \v 15 ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن بۇرۇلۇپ كەتسەڭلار، ئۇنداقتا ئۇ \add ئىسرائ‍ىللارنى\add* يەنە چۆل-باياۋانغا تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ھالدا سىلەر بۇ بارلىق خەلقنى خاراب قىلغان بولىسىلەر، — دېدى. \m \v 16 ئىككى قەبىلىنىڭ ئادەملىرى مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — \m بىز بۇ يەردە ماللىرىمىزغا قوتان، بالىلىرىمىزغا قەلئە-شەھەر سالايلى. \v 17 بىز بولساق قوراللىنىپ، ئىسرائ‍ىللارنى ئۆزىگە تەۋە جايلىرىغا باشلاپ بارغۇچە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز؛ بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر سەۋەبلىك، بىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىز مۇستەھكەم شەھەرلەردە تۇرۇشى كېرەك. \v 18 ئىسرائ‍ىللار ئۆز مىراسلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە بىز ئۆيىمىزگە ھەرگىز قايتمايمىز. \v 19 چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى زېمىنغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى زېمىنغا تەڭ ئىگىدار بولمايمىز، چۈنكى مىراسىمىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىشتىدۇر، — دېدى. \m \v 20 مۇسا ئۇلارغا: — ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىنىپ جەڭگە چىقىپ، \v 21 سىلەردىن قوراللانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بولغاندا، \v 22 شۇ زېمىن پەرۋەردىگار ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ بولغاندا ئاندىن قايتساڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار ۋە ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا گۇناھسىز ھېسابلىنىسىلەر؛ بۇ زېمىنمۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىلىدۇ. \v 23 لېكىن بۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر؛ شۇنى ئوبدان بىلىشىڭلار كېرەككى، گۇناھىڭلار ئۆزۈڭلارنى قوغلاپ بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. \v 24 ئەمدى سىلەر ئاغزىڭلاردىن چىققان گېپىڭلار بويىچە ئىش تۇتۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئۈچۈن شەھەر، قوي پادىلىرىڭلار ئۈچۈن قوتان سېلىڭلار، — دېدى. \m \v 25 گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى مۇساغا: — \m قۇللىرى غوجام ئېيتقىنىدەك قىلىدۇ. \v 26 خوتۇن-بالا چاقىلىرىمىز، كالىلار ۋە بارلىق چارپايلىرىمىز گىلېئادنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قالىدۇ؛ \v 27 لېكىن قۇللىرى، جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغانلارنىڭ ھەربىرى غوجام ئېيتقاندەك \add دەريادىن\add* ئۆتۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىدۇ، — دېدى. \m \v 28 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلار توغرۇلۇق كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلە باشلىقلىرىغا تاپىلاپ،\x + \xo 32:28 \xt يە. 1‏:13؛ 4‏:12\x* \v 29 ئۇلارغا: — ئەگەر گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭگە چىقىشقا سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسە، ئۇ زېمىن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بوي سۇندۇرۇلسا، ئۇنداقتا سىلەر گىلېئاد زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىڭلار. \v 30 ئەگەر ئۇلار قوراللىنىپ سىلەر بىلەن بىللە ئۆتمەيمىز دېسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مىراسى ئاراڭلاردا، يەنى قانائان زېمىنىدا بولسۇن، — دېدى. \m \v 31 گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى: — \m پەرۋەردىگار قۇللىرىغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، بىز شۇنداق قىلىمىز. \v 32 بىز قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرىمىز، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى زېمىن بىزگە مىراس قىلىپ بېرىلىدىغان بولىدۇ، — دېيىشتى. \m \v 33 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ پادىشاھلىقى بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى، زېمىن ۋە تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، ھەممىسىنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا، رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە بەردى.\x + \xo 32:33 \xt قان. 3‏:12؛ يە. 13‏:8؛ 22‏:4 \x* \v 34 گادنىڭ ئەۋلادلىرى دىبون، ئاتاروت، ئاروئەر، \v 35 ئاتروت-شوفان، يائازەر، يوگبىخاھ، \v 36 بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى سالدى ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى. \m \v 37 رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى \add يېڭىدىن\add* ھەشبون، ئەلەئالەھ، كىرىئاتايىم، \v 38 نېبو، بائال-مېئون ‹يۇقىرىقى ئىسىملار ئۆزگىرتىلگەن› ۋە سىبماھنى سالدى؛ ھەم ئۇلار سالغان شەھەرلەرگە يېڭىدىن نام بەردى. \m \v 39 ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلېئادقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرنى ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنى قوغلىۋەتتى.\x + \xo 32:39 \xt يار. 50‏:23\x* \v 40 شۇنىڭ بىلەن مۇسا گىلېئادنى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرغا بېرىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. \m \v 41 ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر ئامورىيلارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، بۇ يېزا-قىشلاقلارنى ھاۋوت-يائىر دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 32:41 \ft \+bd «ھاۋوت-يائىر»\+bd* ــ «يائىرنىڭ يېزىلىرى» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 42 نوباھ كىنات ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ كىناتنى ئۆز ئىسمى بىلەن نوباھ دەپ ئاتىدى. \b \b \m \c 33 \s1 مىسىردىن ئابەل-شىتىمغىچە بولغان قىرىق يىللىق سەرگەردانلىق سەپەر \m \v 1 تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛ \v 2 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق: — \m \v 3 بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى \add ئىسرائ‍ىللار\add* رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى.\f □ \fr 33:3 \ft \+bd «مەردانىلىك بىلەن»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «قولىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگەن ھالدا».\f*  \x + \xo 33:3 \xt مىس. 12‏:37 \x* \v 4 بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى.\f □ \fr 33:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى»\+bd* — «مىس.» 12:12نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 5 ئىسرائ‍ىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى. \v 6 ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل-باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:6 \xt مىس. 13‏:20 \x* \v 7 ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى-خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:7 \xt مىس. 14‏:2 \x* \v 8 پى-خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:8 \xt مىس. 15‏:22، 23\x* \v 9 ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:9 \xt مىس. 15‏:27\x* \v 10 ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى. \v 11 قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:11 \xt مىس. 16‏:1\x* \v 12 سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 13 دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى. \v 14 ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى.\x + \xo 33:14 \xt مىس. 17‏:1\x* \v 15 رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:15 \xt مىس. 19‏:1\x* \b \m \s1 چۆلدە سەرگەردان بولۇش \m \v 16 سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت-ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:16 \xt چۆل. 11‏:34، 35\x* \v 17 قىبروت-ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى. \v 18 ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى. \v 19 رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون-پەرەزدە چېدىر تىكتى. \v 20 رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى. \v 21 لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى. \v 22 رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى. \v 23 كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى. \v 24 شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى. \v 25 ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى. \v 26 ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى. \v 27 تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى. \v 28 تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى. \v 29 مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى. \v 30 ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:30 \xt قان. 10‏:6\x* \v 31 موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە-يائاكاندا چېدىر تىكتى. \v 32 بەنە-يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور-ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى. \v 33 خور-ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 34 يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 35 ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون-گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 36 ئەزىئون-گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:36 \xt چۆل. 20‏:1\x* \v 37 قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:37 \xt چۆل. 20‏:22\x* \v 38 ئىسرائ‍ىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى.\x + \xo 33:38 \xt چۆل. 20‏:25؛ قان. 32‏:50\x* \v 39 ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى. \b \m \v 40 ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائ‍ىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى.\x + \xo 33:40 \xt چۆل. 21‏:1\x* \v 41 ئىسرائ‍ىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:41 \xt چۆل. 21‏:4\x* \v 42 زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 43 پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:43 \xt چۆل. 21‏:10\x* \v 44 ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 45 ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون-گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى.\f □ \fr 33:45 \ft \+bd «ئىيىم»\+bd* ــ «ئىيە-ئابارىم» دېگەننىڭ قىسقارتىلغان شەكلى.\f* \v 46 دىبون-گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 47 ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى. \v 48 ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى. \v 49 موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت-يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە باردى.\f □ \fr 33:49 \ft \+bd «ئابەل-شىتتىم»\+bd* — «ئاكاتسىيە چىمەنزارلىقى» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 33:49 \xt چۆل. 25‏:1؛ يە. 2‏:1\x* \b \m \v 50 پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 51 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، \v 52 زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار.\f □ \fr 33:52 \ft \+bd ««يۇقىرى جاي»لار»\+bd* — ئەسلىدە بۇتپەرەسلەر مەبۇدلىرىغا چوقۇنىدىغان، تاۋاپ قىلىدىغان تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلار ئىدى. ئىسرائىللار كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇتپەرەس خەلقلەرگە ئەگىشىپ شۇ يەرلەرنى بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان جايلار قىلىۋالدى. «لاۋ.» 30:26نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 33:52 \xt قان. 7‏:2-26 \x* \v 53 سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. \v 54 سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە-جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار.\x + \xo 33:54 \xt چۆل. 26‏:54-65\x* \v 55 ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛\x + \xo 33:55 \xt يە. 23‏:13؛ ھاك. 2‏:3\x* \v 56 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن». \b \b \m \c 34 \s1 قانائان زېمىنىنىڭ چېگراسى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: — \m \v 3 سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛\f □ \fr 34:3 \ft \+bd «شور دېڭىزى»\+bd* ــ يەنە «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 34:3 \xt يە. 15‏:1\x* \v 4 شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛\f □ \fr 34:4 \ft \+bd «سېرىق ئېشەك داۋىنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاكراببىم داۋىنى».\f* \v 5 ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. \m \v 6 كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ.\f □ \fr 34:6 \ft \+bd «ئۇلۇغ دېڭىز»\+bd* ــ ھازىر «ئوتتۇرا دېڭىز» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \m \v 7 شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛ \v 8 پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادغا تۇتاشسۇن؛\f □ \fr 34:8 \ft \+bd «خامات ئېغىزى»\+bd* ــ ياكى «لىبو-خاماتقا».\f* \v 9 چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ. \m \v 10 ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن. \v 11 بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ.\f □ \fr 34:11 \ft \+bd «كىننەرەت دېڭىزى»\+bd* ــ ياكى «كىننەرەت كۆلى» كېيىن «گالىلىيە دېڭىزى»، «تىبېرىئۇس دېڭىزى» دەپمۇ ئاتالغان. «كىننەرەت»نىڭ مەنىسى «چىلتار» ــ كۆلنىڭ شەكلى چىلتارسىماندۇر.\f* \v 12 ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ». \m \v 13 مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛ \v 14 چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛ \v 15 بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا». \b \m \s1 زېمىننى تەقسىم قىلىشقا نازارەت قىلغۇچى خادىملار \m \v 16 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \v 17 تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا.\x + \xo 34:17 \xt يە. 14‏:1\x* \v 18 سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار. \m \v 19 بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب.\f □ \fr 34:19 \ft \+bd «يەھۇدا يەھۇدا قەبىلىسىدىن»\+bd* ــ ياكى «يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن».\f* \v 20 شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل.\f □ \fr 34:20 \ft \+bd «شەمۇئەل»\+bd* ــ ياكى «سامۇئىل».\f* \v 21 بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد. \v 22 دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى. \v 23 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل \v 24 ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل. \v 25 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛ \v 26 ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛ \v 27 ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛ \v 28 نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى. \m \v 29 مانا بۇلار پەرۋەردىگار ئەمر قىلىپ ئىسرائ‍ىللارغا قانائان زېمىنىدىكى مىراسلىرىنى تەقسىم قىلىشقا بېكىتكەنلەر ئىدى. \b \b \m \c 35 \s1 لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى \m \v 1 پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 2 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق ئەمر قىل، ئۇلار مىراس قىلىپ ئېرىشكەن زېمىندىكى بەزى شەھەرلەرنى لاۋىيلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرسۇن؛ ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى يايلاقلارنىمۇ لاۋىيلارغا بەرسۇن.\x + \xo 35:2 \xt يە. 21‏:2\x* \v 3 شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان شەھەرلىرى بولىدۇ ۋە شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلارغا ئۇلارنىڭ چارپايلىرى، باشقا مال-مۈلۈكلىرى ھەمدە بارلىق ھايۋانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. \m \v 4 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەردىكى يايلاقلار سېپىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا مىڭ گەز بولسۇن.\f □ \fr 35:4 \ft \+bd «گەز»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز»نى بەلكىم بىر «جەينەك» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ ــ يەنى ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر).\f* \v 5 سىلەر يەنە شەھەر سىرتىدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ئۆلچەڭلار، شەھەر ئوتتۇرىدا بولسۇن؛ شەھەرلەر ئەتراپىدىكى مۇشۇ يەرلەر ئۇلار ئۈچۈن يايلاقلار بولسۇن.\f □ \fr 35:5 \ft \+bd «ئايەتنىڭ شەرھى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىككى مىڭ گەز» بەلكىم شۇ يايلاقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، لاۋىيلارنىڭ ئۇلار تۇرىدىغان شەھەر ئەتراپىدا ئۇلارغا يايلىق قىلىپ ئايرىلغان تۆت پارچە يېرى بار ئىدى؛ ھەربىر پارچە يەر سېپىلغا يانداش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ گەز، كەڭلىكى بىر مىڭ گەز كېلەتتى.\f* \v 6 سىلەر لاۋىيلارغا بەرگەن شەھەرلەر ئىچىدە ئالتە شەھەر «پاناھلىق شەھىرى» بولسۇن؛ سىلەر شۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىلەرنىڭ شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىكىتىڭلار؛ بۇلاردىن باشقا ئۇلارغا يەنە قىرىق ئىككى شەھەر بېرىڭلار.\f □ \fr 35:6 \ft \+bd «چۈشەنچىسى»\+bd* ــ تۆۋەندىكى 10-34-ئايەتلەردىكى قانۇننى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 35:6 \xt يە. 21‏:21\x* \v 7 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز بولۇپ، شۇ شەھەرلەر بىلەن ئۇلارغا تەۋە يايلاقلار ئۇلارغا بېرىلسۇن. \v 8 سىلەر ئۇلارغا بېرىدىغان شۇ شەھەرلەر ئىسرائ‍ىللار مىراس قىلغان تەۋەلىكلەردىن بولسۇن؛ ئادىمى كۆپرەك بولغانلاردىن كۆپرەك، ئادىمى ئازراق بولغانلاردىن ئازراق ئېلىڭلار؛ ھەربىر قەبىلە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان مىراسقا ئاساسەن شەھەرلەردىن بەزىلىرىنى ئېلىپ لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسۇن.\f □ \fr 35:8 \ft \+bd «پاناھلىق شەھەرلىرى»\+bd* ــ لاۋىيلار يالغۇز بۇ شەھەرلەردە تۇرغان ئەمەس؛ بىراق بەلكىم ئۆزلىرى شۇ شەھەرلەردىن تۇرۇشقا خالىغان ئۆيلەرنى ئەتراپتىكى قەبىلىدىكىلەردىن ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «ھاك.» 1:9دە «شەقەم» (لاۋىيلارنىڭ بىر شەھىرى)دە يەنە «ئابىمەلەك ۋە قېرىنداشلىرى» تۇراتتى.\f* \b \m \s1 پاناھلىق شەھىرلىرى •••• «قان.» 1:19-13؛ «يەشۇئا» 1:20-9نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — \m \v 10 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا،\x + \xo 35:10 \xt قان. 19‏:2؛ يە. 20‏:2\x* \v 11 تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىرنەچچە شەھەر تاللاپ بېكىتىڭلار. \v 12 شۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلەر ئادەم ئۆلتۈرگۈچى تاكى جامائەت ئالدىدا سوراققا تارتىلغۇچە، قىساسكارنىڭ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر بولىدۇ.\f □ \fr 35:12 \ft \+bd «قىساسكار» \+bd*\+bdit ياكى «قىساس ئالغۇچى»\+bdit*» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل») مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىرسى باشقا بىرسىنى (مەيلى قەستەن ياكى قەستەن بولمىسۇن) ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن بىرسى «قان قىساسى ئالىمەن» دېگەن بىر كىشى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ قېنىنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى. «پاناھلىق شەھەرلەر» دېگەن نىزام-تۈزۈم ئۆلتۈرۈش ئىشنىڭ قاتىللىق ياكى تاسادىپىيلىقتىن بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا يىتەرلىك ۋاقىت بولسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن بېكىتىلگەن. «گوئېل» توغرۇلۇق يەنە «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 13 سىلەر بېكىتكەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە پاناھلىنىدىغان ئالتە شەھەر بولىدۇ. \v 14 پاناھلىق شەھىرى ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئۈچ شەھەر، قانائان زېمىنىدىمۇ ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ قويۇڭلار.\x + \xo 35:14 \xt قان. 4‏:41؛ يە. 20‏:8\x* \v 15 بۇ ئالتە شەھەر ئىسرائ‍ىللار، يات ئەلدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھلىق شەھەرلىرى بولسۇن؛ تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە قېچىشقا بولىدۇ. \m \v 16 — ئەگەر بىراۋ تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. \v 17 ئەگەر بىراۋ قول كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك تاش بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. \v 18 ئەگەر بىراۋ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. \v 19 قان قىساس ئالغۇچى كىشى شۇ قاتىلنى ئۆلتۈرسۇن؛ ئۇ قاتىلنى ئۇچراتقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن. \v 20 ئەگەر بىراۋ ئۆچمەنلىك بىلەن بىرسىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ ياكى مۆكۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،\x + \xo 35:20 \xt قان. 19‏:11\x* \v 21 ياكى ئۆچەكىشىپ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئادەم ئۇرغۇچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ قاتىل بولىدۇ؛ قان قىساس ئالغۇچى كىشى قاتىلنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈۋەتسۇن. \m \v 22 لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆچى يوق، تاسادىپىي ئىتتىرىۋېتىش ياكى مەقسەتسىزلا بىرەر نەرسە ئېتىپ،\f □ \fr 35:22 \ft \+bd «مەقسەتسىزلا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مۆكۈنگەن ھالدا ئەمەس بولۇپ...».\f* \v 23 ياكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك ھەرقانداق بىر تاشنى ئادەمنى كۆرمەي ئېتىپ سېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆچى بولمىسا، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا؛ \v 24 بۇنداق ئەھۋالدا، جامائەت شۇ قانۇن-ھۆكۈملەرگە ئاساسەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قان قىساس ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا كېسىم قىلسۇن. \v 25 جامائەت تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قان قىساس ئالغۇچى كىشىنىڭ قولىدىن جەزمەن قۇتقۇزۇۋالسۇن؛ ئۇلار ئۇنى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىگە \add ئامان-ئېسەن\add* قايتۇرۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن مۇقەددەس ماي بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ شۇ شەھەردە تۇرسۇن. \v 26 لېكىن تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەگەر قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىنىڭ تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، \v 27 شۇنداقلا قان قىساس ئالغۇچى كىشى ئۇنى پاناھلىق شەھىرىنىڭ پاسىللىرىنىڭ سىرتىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا قان قىساس ئالغۇچى قان تۆكۈش گۇناھىنى تارتمايدۇ؛ \v 28 چۈنكى تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەسلىدە باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە پاناھلىق شەھىرىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قايتىپ بارسا بولىدۇ. \m \v 29 — بۇلار سىلەر تۇرۇشلۇق ھەممە يەردە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قانۇن-بەلگىلىمىلەر بولسۇن. \m \v 30 باشقا بىرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بولسا، بىرنەچچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ.\x + \xo 35:30 \xt قان. 17‏:6؛ 19‏:15\x* \m \v 31 ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە، يەنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن سىلەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار؛ ئۇنداق كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. \v 32 شۇنىڭدەك پاناھلىق شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالغان كىشى ئۈچۈن باش كاھىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆز يېرىگە قايتىپ كېلىۋېلىشىغا ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار. \m \v 33 شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىغان بولمايسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ؛ زېمىندا تۆكۈلگەن قانغا دەل شۇ قاننى تۆككەن كىشىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچقانداق كافارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. \v 34 ئۆزۈڭلار ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى مەن ئۆزۈم ماكان قىلغان زېمىننى بۇلغىماڭلار؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا ماكان تۇتقۇچىدۇرمەن. \b \b \m \c 36 \s1 ئايال مىراسخورنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى توغرىسىدىكى نىزام \m \v 1 يۈسۈپ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئوغلى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەمىرلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: — \v 2 «پەرۋەردىگار ئىلگىرى غوجامغا چەك تاشلاپ زېمىننى ئىسرائىل خەلقىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان؛ غوجاممۇ پەرۋەردىگارنىڭ قېرىندىشىمىز زەلوفىھادنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىمۇ ئالغان.\x + \xo 36:2 \xt چۆل. 26‏:55، 56؛ 27‏:7؛ 33‏:54؛ يە. 17‏:3، 4\x* \v 3 لېكىن، ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مىراسىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۇنداق بولغاندا بىز چەك تاشلاپ ئېرىشكەن مىراس تۈگەيدۇ. \v 4 ئىسرائ‍ىللارنىڭ «ئازادلىق يىلى» كەلگەندە ئۇلارنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مىراسى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ».\f □ \fr 36:4 \ft \+bd «ئازادلىق يىلى»\+bd* — ئەسلىدە ئىبرانىي تىلىدا «بۇرغا (چېلىش) يىلى» دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن، ئۇنىڭ چۈشەنچىسى تېزلا «ئازادلىق يىلى»، «شادلىق يىلى» دېگەنگە ئۆزگەردى. «لاۋ.» 25-باب، بولۇپمۇ 10:25 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \fp \f* \m \v 5 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئەمر قىلىپ: — يۈسۈپ قەبىلىسىدىكىلەر توغرا ئېيتىدۇ. \v 6 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى مۇنداق: «ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ئەرگە ياتلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۆز جەمەتى، ئۆز ئاتا قەبىلىسىدىن بولغان بىرىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. \v 7 شۇنداق بولغاندا ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. \v 8 ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر قىز-ئايال ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. \v 9 مۇشۇنداق بولغاندا، ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۆز مىراسىنى قولىدىن بەرمەسلىكى كېرەك، — دېدى. \m \v 10 پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق قىلدى. \v 11 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىدىن ماھلاھ، تىرزاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئۆز تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.\x + \xo 36:11 \xt چۆل. 27‏:1\x* \v 12 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە ياتلىق بولدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى يەنىلا ئاتىسىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدە قالدى. \m \v 13 بۇلار پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغان ئەمرلەر ۋە ھۆكۈملەردۇر.