\id NEH \h نەھەمىيا \toc1 نەھەمىيا \toc2 نەھەمىيا \toc3 نەھ. \mt1 نەھەمىيا \c 1 \s1 يېرۇسالېمنىڭ ئېچىنىشلىق، خارابلىق ھالىتى \m \v 1 ھاقالىيانىڭ ئوغلى نەھەمىيا شۇنداق بايان قىلدىكى: ــ يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا، مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇراتتىم، \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «يىگىرمىنچى يىلى»\+bd* ــ پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلىنى كۆرسىتىدۇ (1:2نى كۆرۈڭ).\f* \v 2 ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان ھانانى بىلەن بىرنەچچە كىشى يەھۇدىيەدىن چىقىپ كەلدى؛ مەن ئۇلاردىن سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدالار ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا سورىدىم. \v 3 ئۇلار ماڭا: ــ سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ قالدىسى \add يەھۇدىيە\add* ئۆلكىسىدە قاتتىق جاپا-مۇشەققەت ئاستىدا ۋە ئاھانەت ئىچىدە قالدى. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى، دەپ ئېيتىپ بەردى. \b \m \s1 نەھەمىيانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىشى \m \v 4 مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ \v 5 مۇنداق دېدىم: ــ «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، \x + \xo 1:5 \xt مىس. 20‏:6؛ 34‏:7؛ چۆل. 14‏:18؛ قان. 5‏:10؛ زەب. 86‏:15؛ 103‏:8؛ 145‏:8-9؛ دان. 9‏:4 \x* \v 6 ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق! \v 7 بىز سېنىڭ يولۇڭغا تەتۈر ئىش قىلىپ، سەن قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلىغان ئەمرلىرىڭ، بەلگىلىمىلىرىڭ ۋە ھۆكۈملىرىڭنى ھېچ تۇتمىدۇق. \v 8‏-9 سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلاپ: «ئەگەر سىلەر ۋاپاسىزلىق قىلساڭلار، سىلەرنى پۈتۈن تائىپىلەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن؛ لېكىن ماڭا يېنىپ كېلىپ، مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭلار، گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ ئەڭ چېتىگە قوغلىۋېتىلگەنلەر بولسىمۇ، مەن ئۇلارنى شۇ يەردىن يىغىپ، مېنىڭ نامىمنى تىكلەشكە تاللىغان جايغا ئېلىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈڭنى ياد قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈنىمەن. \x + \xo 1:8‏-9 \xt قان. 4‏:25، 26، 27؛ 30‏:2، 3، 4\x* \v 10 بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قۇللىرىڭ ۋە سېنىڭ خەلقىڭ، ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇڭ. \v 11 ئى رەببىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسىغا ھەم سېنىڭ نامىڭدىن ئەيمىنىشتىن سۆيۈنگەن قۇللىرىڭنىڭمۇ دۇئاسىنى قۇلىقىڭ تىڭشىغاي؛ بۈگۈن قۇلۇڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن، ئۇنى شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». \m شۇ ۋاقىتتا مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم. \b \b \m \c 2 \s1 پادىشاھنىڭ نەھەمىيانىڭ يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن سېپىلىنى قايتا ئوڭشاپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىشى \m \v 1 ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلى نىسان ئېيى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا شاراب كەلتۈرۈلگەنىدى؛ مەن شارابنى ئېلىپ پادىشاھقا سۇندۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھېچقاچان غەمكىن كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدىم. \m \v 2 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ بىرەر كېسىلىڭ بولمىسا، چىرايىڭ نېمىشقا شۇنچە غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر دەرد بار، دېۋىدى، مەن ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم. \v 3 مەن پادىشاھقا: ــ پادىشاھىم مەڭگۈ ياشىغايلا! ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان، دەرۋازا-قوۋۇقلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن تۇرسا، مەن قانداقمۇ غەمكىن كۆرۈنمەي؟ ــ دېدىم. \m \v 4 پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ، \v 5 ئاندىن پادىشاھقا: ــ ئەگەر پادىشاھىمنىڭ كۆڭلىگە مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسا، مېنى يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەن بولسىلا، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقسام، دېدىم. \m \v 6 پادىشاھ (شۇ چاغدا خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى) مەندىن: ــ سەپىرىڭگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنى ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق كۆردى؛ مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدىغان بىر ۋاقىتنى بېكىتتىم. \v 7 مەن يەنە پادىشاھتىن: ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ماڭا \add ئەفرات\add* دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارغا مېنى تاكى يەھۇدىيەگە بارغۇچە ئۆتكىلى قويۇش توغرۇلۇق يارلىق خەتلىرىنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا؛ \f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى...»\+bd* ــ مەشكۇر كىتابتا مۇشۇ يەردىن باشلاپ «دەريا» «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ قېتى» ــ دەريانىڭ غەربىي تەرىپى. \+bd «...مېنى تاكى يەھۇدىيەگە بارغۇچە ئۆتكىلى قويۇش»\+bd* ــ ياكى «...سەپىرىمدە مېنى ئالغا سۈرۈش».\f* \v 8 ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى. \x + \xo 2:8 \xt دان. 9‏:25\x* \v 9 شۇنىڭ بىلەن مەن دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى تاپشۇردۇم. پادىشاھ يەنە بىرنەچچە قوشۇن سەردارلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنىمۇ ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. \v 10 ھورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونىي توبىيا دېگەن ئەمەلدار ئىسرائىللارنىڭ مەنپەئەتىنى ئىزدەپ ئادەم كەپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن نارازى بولدى.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «توبىيا دېگەن ئەمەلدار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «توبىيا دېگەن قۇل».\f* \b \m \s1 نەھەمىيانىڭ كېچىسى سېپىلنى چارلاشقا چىقىشى \m \v 11 مەن يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۈچ كۈن تۇردۇم. \v 12 ئاندىن كېچىسى مەن ۋە ماڭا ھەمراھ بولغان بىرنەچچە ئادەم ئورنىمىزدىن تۇردۇق (مەن خۇدايىمنىڭ كۆڭلۈمگە يېرۇسالېم ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى سالغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىمگە بىرەر نېمە دېمىگەنىدىم). ئۆزۈم مىنگەن ئۇلاغدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلاغمۇ ئالماي، \v 13 كېچىسى «جىلغا قوۋۇقى»دىن چىقىپ «ئەجدىھا بۇلىقى»غا قاراپ مېڭىپ، «تېزەك قوۋۇقى»غا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن سېپىللىرىنى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قوۋۇق-دەرۋازىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۇم. \v 14 يەنە ئالدىغا مېڭىپ «بۇلاق قوۋۇقى» بىلەن «شاھانە كۆل»گە كەلدىم؛ لېكىن شۇ يەردە مەن مىنگەن ئۇلاغنىڭ ئۆتۈشىكە يول بەك تار كەلگەچكە، \v 15 كېچىدە مەن جىلغا بىلەن چىقىپ سېپىلنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن يېنىپ «جىلغا قوۋۇقى»دىن شەھەرگە كىرىپ، ئۆيگە قايتتىم. \m \v 16 ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ نەگە بارغانلىقىمنى ۋە نېمە قىلغانلىقىمنى بىلمەي قېلىشتى، چۈنكى مەن يا يەھۇدىيلارغا، كاھىنلارغا، يا ئەمىر-ھاكىملارغا ۋە ياكى باشقا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدىم. \b \m \s1 نەھەمىيانىڭ خەلقنى سېپىلنى قايتا سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى \m \v 17 كېيىن مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر بېشىمىزغا كەلگەن بالايىئاپەتنى، يېرۇسالېمنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈڭلار؛ كېلىڭلار، ھەممىمىز ھاقارەتكە قېلىۋەرمەسلىكىمىز ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتىدىن ياساپ چىقايلى، ــ دېدىم. \v 18 مەن يەنە ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار: ــ ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ ئۇنى ياسايلى! ــ دېيىشىپ، بۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئۆز قوللىرىنى قۇۋۋەتلەندۈردى. \m \v 19 لېكىن ھورونلۇق سانباللات، خىزمەتكار ئاممونىي توبىيا ھەم ئەرەب بولغان گەشەم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىزنى زاڭلىق قىلىپ مەنسىتمەي: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار نېمە ئىش؟ سىلەر پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلماقچىمۇسىلەر؟ ــ دېيىشتى. \m \v 20 مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاسمانلاردىكى خۇدا بولسا بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى بولغان بىزلەر قوپۇپ قۇرىمىز. لېكىن سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھېچقانداق نېسىۋەڭلار، ھوقۇقۇڭلار ياكى يادنامەڭلار يوق، ــ دېدىم. \b \b \m \c 3 \s1 سېپىلنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئوڭشاشقا بۇيرۇلۇشى •••• كونا شەھەرنىڭ خەرىتىسىنى كۆرۈڭ \m \v 1 شۇ چاغدا باش كاھىن ئەلىياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى قوپۇپ «قوي قوۋۇقى»نى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقتى؛ ئۇلار قوۋۇقنىڭ قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ ئۇلار «يۈزنىڭ مۇنارى» بىلەن «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى سېپىلنى ئوڭشاپ، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ \f □ \fr 3:1 \ft \+bd «يۈزنىڭ مۇنارى»\+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىلەر: ــ «ھاممېئاھنىڭ مۇنارى» ياكى «مېئاھنىڭ مۇنارى». \+bd «مۇقەددەس دەپ بېكىتتى»\+bd* ــ نېمىشقا شۇنداق بېكىتىدۇ؟ ئۇنىڭ «قوي قوۋۇقى» دەپ ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئىبادەتخانىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلار (كۆپىنچىسى قويلار، ئەلۋەتتە) شۇ دەرۋازىدىن شەھەرگە ئېلىپ كىرىلەتتى. شۇڭا قۇربانلىقلارنىڭ كىرىش يولىنى «مۇقەددەس» دەپ بېكىتىش تولىمۇ مۇۋاپىق ئىدى ــ دېمەك، شۇ دەرۋازىدىن قۇربانلىقلاردىن باشقا ھېچقانداق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىشكە بولمايتتى.\f* \v 2 ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى يېرىخولۇقلار ياسىدى؛ يەنە ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى. \v 3 «بېلىق قوۋۇقى»نى سەنائاھنىڭ ئوغۇللىرى ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. \v 4 ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت ياسىدى؛ ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى مەشەزابەلنىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى بائاناھنىڭ ئوغلى زادوك ياسىدى. \f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ھاكوزنىڭ...»\+bd* ــ ياكى «كوزنىڭ...».\f* \v 5 ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى تەكوئالىقلار ياسىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆز خوجىسىنىڭ ئىشىنى زىممىسىگە ئىلىشقا ئۇنىمىدى. \m \v 6 «كونا قوۋۇق»نى پاسىيانىڭ ئوغلى يەھودا بىلەن بېسودىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. \f □ \fr 3:6 \ft \+bd «پاسىيانىڭ ئوغلى يەھودا»\+bd* ــ ياكى «پاسىيانىڭ ئوغلى يويادا».\f* \v 7 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى گىبېئونلۇق مەلاتىيا، مېرونوتلۇق يادون ھەمدە دەريانىڭ بۇ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گىبېئونلۇقلار بىلەن مىزپاھلىقلار ياسىدى. \f □ \fr 3:7 \ft \+bd «دەريا»\+bd* ــ ئەفرات دەرياسى. \+bd «مەلاتىيا، مېرونوتلۇق يادون ھەمدە دەريانىڭ بۇ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گىبېئونلۇقلار بىلەن مىزپاھلىقلار ياسىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەلاتىيا... ۋە يادون ياسىدى؛ بۇلار دەريانىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلار ئىدارە قىلىدىغان گىبېئونلۇقلار ۋە مىزپاھلىقلار ئىدى».\f* \v 8 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى زەرگەرلەردىن بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىيەل ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى خۇشبۇي بۇيۇم ياسايدىغان ئەتىرچىلەردىن ھانانىيا ياسىدى. ئۇلار يېرۇسالېم \add سېپىلىنى\add* تاكى «قېلىن تام»غىچە ئوڭشاپ ياسىدى. \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «...ئوڭشاپ ياسىدى»\+bd* ــ ياكى «...سۇۋاپ چىقتى».\f* \v 9 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خۇرنىڭ ئوغلى رېفايا ياسىدى. \v 10 ئۇلارنىڭ يېنىدا، خارۇمافنىڭ ئوغلى يەدايا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى خاشابنىيانىڭ ئوغلى ھاتتۇش ياسىدى. \v 11 ھارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاھات-موئابنىڭ ئوغلى ھاششۇب سېپىلنىڭ باشقا بىر بۆلىكى بىلەن «خۇمدانلار مۇنارى»نى ياسىدى. \v 12 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى خاللوھەشنىڭ ئوغلى شاللوم ئۆزى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ياسىدى. \m \v 13 «جىلغا قوۋۇقى»نى ھانۇن بىلەن زانوئاھ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياسىدى. ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە «تېزەك قوۋۇقى»غىچە مىڭ گەز سېپىلنىمۇ ياسىدى. \v 14 «تېزەك قوۋۇقى»نى بەيت-ھاككەرەم يۇرتىنىڭ باشلىقى رەكابنىڭ ئوغلى مالكىيا ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. \m \v 15 «بۇلاق قوۋۇقى»نى مىزپاھ يۇرتىنىڭ باشلىقى كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى شاللۇم ياسىدى. ئۇ ئۇنى ياساپ، ئۆگزىسىنى يېپىپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلىنىڭ سېپىلىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە يېڭىۋاشتىن ياسىدى.\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى شېلاھ كۆلى» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 16 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى داۋۇتنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۈنئىي كۆلگە ھەم ئۇنىڭ كەينىدىكى «پالۋانلارنىڭ ئۆيى»گە قەدەر بەيت-زۇر يۇرتىنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ئازبۇكنىڭ ئوغلى نەھەمىيا ياسىدى. \v 17 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى لاۋىيلار ــ يەنى بانىنىڭ ئوغلى رەھۇم ياسىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى كېئىلاھنىڭ يېرىم يۇرتىنىڭ ھاكىمى ھاشابىيا ئۆز يۇرتىغا ۋاكالىتەن ياساپ چىقتى. \v 18 ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ــ كېئىلاھنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ھېنادادنىڭ ئوغلى باۋاي ياسىدى. \f □ \fr 3:18 \ft \+bd «باۋاي»\+bd* ــ ياكى «بىننۇئىي».\f* \v 19 ئۇنىڭ يېنىدا، مىزپاھنىڭ ھاكىمى يەشۇيانىڭ ئوغلى ئېزەر قورال-ياراغ ئامبىرىغا چىقىش يولىنىڭ ئۇدۇلىدا، سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىكى يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. \v 20 زابباينىڭ ئوغلى بارۇق ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىن تاكى باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى. \v 21 ئۇنىڭ يېنىدا ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت سېپىلنىڭ ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ئەلىياشىبنىڭ ھويلىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. \f □ \fr 3:21 \ft \+bd «ھاكوزنىڭ نەۋرىسى»\+bd* ــ ياكى «كوزنىڭ نەۋرىسى».\f* \v 22 بۇلاردىن كېيىنكى بىر قىسمىنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكىلەر، كاھىنلار ياسىدى. \v 23 بۇلارنىڭ يېنىدا، بىنيامىن بىلەن ھاششۇب ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئانانىيانىڭ نەۋرىسى، مائاسېياھنىڭ ئوغلى ئازارىيا ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قىسىمنى ياسىدى. \v 24 ئۇنىڭ يېنىدا، ئازارىيانىڭ ئۆيىدىن تاكى سېپىلنىڭ دوقمۇشىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ھېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇئىي ياسىدى. \v 25 \add ئۇنىڭ يېنىدا\add*، ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دوقمۇشى، شۇنىڭدەك ئوردىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان، زىندان ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر بۆلىكىنى پاروشنىڭ ئوغلى پىدايا ياسىدى. \v 26 ئەمدى ئوفەلدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە چوقچىيىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىلنى ياسىدى. \f □ \fr 3:26 \ft \+bd «ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەتانىيلار».\f* \v 27 چوقچىيىپ تۇرغان چوڭ مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدا تەكوئالىقلار تاكى ئوفەل سېپىلىغىچە بولغان ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. \v 28 «ئات قوۋۇقى»نىڭ يۇقىرى بىر بۆلىكىنى كاھىنلار ھەربىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. \v 29 ئىممەرنىڭ ئوغلى زادوك ئۇلارنىڭ يېنىدا، كېيىنكى قىسمىنى، ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى «شەرقىي دەرۋازا»نىڭ دەرۋازىۋەنى شېكانىيانىڭ ئوغلى شېمايا ياسىدى. \v 30 ئۇنىڭ يېنىدا، شەلەمىيانىڭ ئوغلى ھانانىيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ھانۇن ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ يېنىدا، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئۆز قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلەكنى ياسىدى. \v 31 ئۇنىڭ يېنىدا، شۇ يەردىن تارتىپ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قورۇلىرىدىن ئۆتۈپ، «تەكشۈرۈش قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىنىڭ بالىخانىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى زەرگەرلەردىن بولغان مالكىيا ياسىدى. \f □ \fr 3:31 \ft \+bd «ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىنىڭ بالىخانىسىغىچە»\+bd* ــ ياكى «ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىغا چىقىش يولىغىچە» ياكى «ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىدىكى پەلەمپەيگىچە».\f* \v 32 دوقمۇشنىڭ بالىخانىسى بىلەن «قوي قوۋۇقى»نىڭ ئارىلىقىدىكى بۆلەكنى زەرگەرلەر بىلەن سودىگەرلەر ياسىدى. \b \b \m \c 4 \s1 سانباللاتنىڭ خاپا بولۇشى ۋە مەسخىرە قىلىشى \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى. \v 2 ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنى ئالدىدا: ــ بۇ زەئىپ يەھۇدالار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟ ئۇلار قۇربانلىقلارنى سۇنماقچىمۇ؟ ئۇلار بىر كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈشمەكچىمۇ؟ توپا دۆۋىلىرى ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى كولاپ چىقىرىپ ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟ ــ دېدى. \f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئۆز مەيلىچە شۇنداق كېتىۋەرسە بولامدۇ؟» ياكى «ئۆزلىرىگە تايىنىپ بۇ ئىشنى قىلالامدۇ؟». تېكىستنىڭ ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش سەل تەس. \+bd «توپا دۆۋىلىرى ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى كولاپ چىقىرىپ ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟»\+bd* ــ بۇ مەسخىرە سۆزلىرى ئىچىدە بىر-بىرىگە زىت كېلىدىغان ئىشلار بار. قارىغاندا، گەرچە سانباللات مازاق قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشقا بولغان غەزىپى ئۇنىڭدا بۇ ئىش پۈتتۈرۈلۈشى مۇمكىن، دېگەندەك بىرخىل قورقۇنچنىڭ بارلىقىغا ئىسپات بولىدۇ.\f* \v 3 ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئاممونىي توبىيا: ــ ئۇلار ھەرقانچە ياسىسىمۇ، بىر تۈلكە سېپىلنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ تاش تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. \b \m \s1 نەھەمىيانىڭ دۇئاسى \m \v 4 ــ ئى خۇدايىمىز، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كەمسىتىلمەكتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسۇن؛ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ياقا يۇرتتا خەقنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرغايسۇن! \v 5 ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ياپمىغايسەن، گۇناھلىرى ئالدىڭدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى! \m \v 6 شۇنداقتىمۇ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋەردۇق؛ ئۇنى ئۇلاپ، ئېگىزلىكىنى يېرىمىغا يەتكۈزدۇق؛ چۈنكى كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى.\fig يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى (نەھەمىيا قايتا قۇرغان)|src="jerusalemgates-uara-01.jpg" size="span" ref="«نەھ.» 3" \fig* \b \m \s1 دۈشمەنلەرنىڭ توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قەستلىشى \m \v 7 شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونىيلار، ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىللىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، سېپىل بۆسۈكلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپكە كېلىشتى-دە، \v 8 بىرلىكتە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى قەستلەشتى. \v 9 شۇڭا بىز خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كېچە-كۈندۈز كۆزەتچى قويۇپ، ئۆزلىرىمىز ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندۇق. \m \v 10 بۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر: ــ ئىشچى-ھامماللار ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭدەك چالما-كېسەك ئەخلەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىز سېپىلنى ئوڭشاشقا ھەتتا سېپىلغىمۇ يېقىنلىشالمىدۇق! ــ دېيىشتى. \v 11 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىمىز: ــ ئۇلار سەزمەستە، ئۇلار كۆرمەستە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىۋېتىمىز! ــ دېيىشتى. \m \v 12 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارمۇ يېنىمىزغا ئون قېتىم كېلىپ: ــ قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى. \f □ \fr 4:12 \ft \+bd «قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى!»\+bd* ــ ئەسلى ئايەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى كەمتۈك بولغاچقا، مەنىسىنى جايىدا چىقىرىش تەس بولۇپ قالدى؛ شۇڭا مۇشۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. لېكىن ئاساسىي مەنىلىرىنىڭ ھەممىسى دۈشمەنلەرنىڭ ھەرتەرەپلىمە قەستلەشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 13 شۇڭا مەن خەلقنى جەمەت-جەمەت بويىچە، قولىغا قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرىنى ئېلىپ، سېپىلى پەس بولغان ياكى ھۇجۇمغا ئوچۇق تۇرغان يەرلەردە سېپىلنىڭ ئارقىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا قويدۇم. \v 14 كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم. \b \m \s1 بىر تەرەپتىن ئىشلەش، بىر تەرەپتىن مۇداپىئەلىنىش \m \v 15 شۇنداق بولدىكى، ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى بىلىپ قالغانلىقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاچ، شۇنىڭدەك خۇدا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغاچ، بىز ھەممىمىز سېپىلغا قايتىپ، ھەربىرىمىز ئەسلى ئىش ئورنىمىزدا ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق. \m \v 16‏-17 ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىش بىلەن بولدى، يېرىمى قولىغا نەيزە، قالقان، ئوقيا تۇتقان، دوبۇلغا-ساۋۇت كىيگەن ھالدا يۈرۈشتى. سەردار-ئەمەلدارلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقان بارلىق يەھۇدا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇردى. ھەم يۈكلەرنى توشۇۋاتقانلار ھەم ئۇلارغا يۈك ئارتىۋاتقانلارمۇ بىر قولىدا ئىشلەپ، بىر قولىدا ياراغلىرىنى چىڭ تۇتۇشقانىدى. \v 18 تامچىلارنىڭ ھەربىرى بەللىرىگە قىلىچ-خەنجەرلىرىنى ئاسقان ھالدا \add سېپىلنى\add* ياساۋاتاتتى؛ كانايچى بولسا يېنىمدا تۇراتتى. \v 19 مەن مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ، دائىرىسى كەڭ؛ بىز ھەممىمىز سېپىلدا بۆلەك-بۆلەكلەر بويىچە تارقىلىپ ئىشلەپ، بىر-بىرىمىزدىن يىراق تۇرۇۋاتىمىز. \v 20 شۇڭا مەيلى قەيەردە بولۇڭلار، كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلارلا، بىز بار شۇ يەرگە كېلىپ يىغىلىڭلار؛ خۇدايىمىز بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، ــ دېدىم.\x + \xo 4:20 \xt مىس. 14‏:25؛ قان. 1‏:30؛ 28‏:7\x* \m \v 21 بىز ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىشلىدۇق؛ خەلقنىڭ يېرىمى تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ يۇلتۇز چىققۇچە نەيزىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتى. \v 22 ئۇ چاغدا مەن يەنە خەلققە: ــ ھەممەيلەن ئۆز خىزمەتكارى بىلەن كېچىنى يېرۇسالېمغا كىرىپ ئۆتكۈزسۇن، شۇنداق بولسا ئۇلار كېچىسى بىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىمىزنى قىلىدۇ، كۈندۈزى ئىشلەيدۇ، دېدىم. \v 23 شۇنداق قىلىپ يا مەن، نە قېرىنداشلىرىم، يا خىزمەتكارلىرىم ياكى ماڭا ئەگەشكەن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كىيىملىرىنى سېلىشمىدى؛ ھەربىرى ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى ئېلىۋالاتتى.\f □ \fr 4:23 \ft \+bd «ھەربىرى ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى ئېلىۋالاتتى»\+bd* ــ ياكى «ھەربىرى ئوڭ قولىدىن ياراغلىرىنى چۈشۈرۈشمىدى» ياكى «ھەربىرەيلەن پەقەت يۇيۇنغاندىلا كىيىملىرىنى سالاتتى». ئەينى تېكىست كەمتۈكتەك كۆرۈنىدۇ.\f* \b \b \m \c 5 \s1 نامراتلارنىڭ نالىسى \m \v 1 ئۇ چاغدا خالايىق ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدالار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتتىق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. \v 2 بەزىلەر: ــ بىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ جان سانىمىز كۆپ، كۈن كەچۈرىشىمىز ئۈچۈن تويغۇدەك ئاشلىق ئالمىساق بولمايدۇ، دېيىشتى. \v 3 يەنە بەزىلەر: ــ بىز ئاچارچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا ئاشلىق ئېلىپ يەيمىز دەپ ئېتىزلىرىمىز، ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنى ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق، دېيىشتى. \v 4 ۋە يەنە بەزىلەر: ــ پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق. \f □ \fr 5:4 \ft \+bd «پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق»\+bd* ــ ياكى «پادىشاھنىڭ باج-سېلىقىنى تۆلەشكە ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنى رەنىگە بېرىپ پۇل قەرز ئالدۇق».\f* \v 5 گەرچە بەدەنلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، پەرزەنتلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى قۇل-دېدەك بولۇشقا تاپشۇرماي ئامالىمىز بولمىدى؛ ئەمەلىيەتتە قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئاللىقاچان دېدەك بولۇپمۇ كەتتى؛ ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قۇربىمىز يەتمىدى، چۈنكى بىزنىڭ ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ھازىر باشقىلارنىڭ قولىدىدۇر، ــ دېيىشتى. \b \m \s1 نەھەمىيانىڭ مۆتىۋەرلەر بىلەن مەنسەپدارلارنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىشى \m \v 6 مەن ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىنى ۋە ئېيتقان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندىم. \v 7 كۆڭلۈمدە بىرەر قۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا قەرز بېرىپ ئۇلاردىن ئۆسۈم ئالىدىكەنسىلەر-ھە! ــ دەپ تەنبىھ بەردىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ بىر يىغىن ئېچىپ \x + \xo 5:7 \xt مىس. 22‏:24\x* \v 8 ئۇلارنى: ــ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يات تائىپىلەرگە سېتىۋېتىلگەن قېرىندىشىمىز يەھۇدالارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدۇق، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن دەپ قېرىنداشلىرىڭلارنى يەنە سېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ــ دەپ ئەيىبلىۋىدىم، ئۇلار دەيدىغان گەپ تاپالماي، شۈك تۇرۇپ قالدى. \v 9 ئاندىن مەن ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان تائىپىلەر ئالدىدا بىزنى ئاھانەتكە قالدۇرماي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟ \v 10 مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىم ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ ئۆسۈم ئالساق ئالاتتۇق! سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، مۇنداق ئۆسۈم ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى! \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىم ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ ئۆسۈم ئالساق ئالاتتۇق»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ (1) «مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىممۇ ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇۋاتىمىز» ياكى: ــ (2) «مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىممۇ ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرايلى». \fp نەھەمىيانىڭ خاراكتېرى بەك سېخىي بولغاچقا، بەلكىم ئۆسۈمسىز ئۆتنە-قەرزنى كۆپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قېرىنداشلارغا ئۆتنە بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش مۇسا پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغىنىغا خىلاپلىق («مىس.» 25:22، «پەند.» 5:15). شۇڭا بۇ ئىككىنچى خىل تەرجىمىنى توغرا ئەمەس، دەپ قارايمىز. \+bd «مۇنداق ئۆسۈم ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى!»\+bd* ــ ياكى «مۇشۇنداق قەرزگە رەنى ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى!».\f* \v 11 ئۆتۈنۈپ قالاي، سىلەر دەل بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنزارلىق ۋە ئۆيلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ۋە شۇنىڭدەك سىلەر ئۇلاردىن ئۈندۈرۈۋالغان پۇل، ئاشلىق، يېڭى مەي-شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دېدىم.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «...بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنزارلىق ۋە ئۆيلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار...»\+bd* ــ مۇشۇ ئېتىز قاتارلىق مۈلۈكلەر ئەسلىدە قەرز-ئۆتنىلەرگە «رەنە» سۈپىتىدە قويۇلغان بولۇپ، قەرز ئىگىلىرى ئۇلارنى تارتىۋالغان بولسا كېرەك. \+bd «پۇل، ئاشلىق...ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۇل، ئاشلىق، ...ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ يۈزدىن بىرى» ياكى «ئۆسۈمى بىر پىرسەنت» ــ قانداق تەرجىمە قىلىنىشتىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ سۆزلەر چوقۇم ئۆسۈمنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى كېرەك.\f* \m \v 12 ئۇلار: ــ قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئەمدى ئۇلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالمايمىز؛ سىلى نېمە دېسىلە، بىز شۇنداق قىلىمىز، دېيىشتى. مەن كاھىنلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ ۋەدە بويىچە شۇنداق ئىجرا قىلىشقا قەسەم ئىچكۈزدۈم. \f □ \fr 5:12 \ft \+bd «مەن كاھىنلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى ... شۇنداق ئىجرا قىلىشقا قەسەم ئىچكۈزدۈم»\+bd* ــ كاھىنلار ئەسلىدە قەرز ئىگىلىرى ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى باشقىلارنىڭ شۇ ۋەدىسىنى ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەسلىدە كاھىنلار ئۆسۈم بېرىش توغرۇلۇق مۇقەددەس قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى بىلىشى كېرەك ئىدى، شۇنداقلا بۇنداق ۋەزىيەتكە يول قويماسلىقى كېرەك ئىدى.\f* \v 13 مەن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ تۇرۇپ: ــ كىم مۇشۇ ۋەدىنى ئادا قىلمىسا، خۇدا شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئۆيىدىن ۋە مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ قېقىۋەتسۇن! شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى قۇرۇقدىلىپ قالغۇچە قېقىۋېتىلسۇن! ــ دېدىم. پۈتكۈل جامائەت بىردەك: «ئامىن!» دېيىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئاندىن كۆپچىلىك شۇ ۋەدىسى بويىچە دېگىنىدەك قىلىشتى. \b \m \s1 پاك-دىيانەتلىك ۋە ئاددىي-ساددا نەھەمىيا \m \v 14 شۇنىڭدەك، يەھۇدىيە زېمىنىدا ئۇلارغا ۋالىي بولۇشقا تىكلەنگەن كۈندىن بۇيان، يەنى پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان ئون ئىككى يىل ئىچىدە نە مەن، نە مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋالىيلىق نېنىنى ھېچ يېمىدۇق. \v 15 مەندىن ئىلگىرى ۋالىي بولغانلار خەلققە ئېغىرچىلىك سېلىپ، ئۇلاردىن \add كۈندىلىك\add* ئاشلىق، مەي-شاراب ۋە شۇنىڭدەك قىرىق شەكەل كۈمۈش ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇقۋازلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن مەن خۇدادىن قورقىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم. \f □ \fr 5:15 \ft \+bd «قىرىق شەكەل كۈمۈش»\+bd* ــ «شەكەل» ئېغىرلىق مىقدارى، بىر شەكەل كۈمۈش بولسا بەلكىم 11.4 گرام ئىدى. مۇشۇ يەردە «قىرىق شەكەل» بەلكىم ھەركۈنى خەلقتىن ئالغان پۇلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 16 مەن دەرۋەقە سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشىغىلا بېرىلگەچكە، بىز ھەتتا بىرەر ئېتىزنىمۇ سېتىۋالمىدۇق؛ مېنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىممۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەشكە شۇ يەرگە يىغىلاتتى. \v 17 ئەتراپىمىزدىكى يات ئەللەردىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنلەردىن بۆلەك، مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا غىزا يەيدىغانلار يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلاردىن بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. \v 18 ھەركۈنى بىر كالا، خىللانغان ئالتە قوي تەييارلىناتتى، يەنە ماڭا بەزى ئۇچار قۇشلار تەييارلىناتتى؛ ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەرخىل مول مەي-شاراب بىلەن تەمىنلىنەتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا «ۋالىي نېنى»نى تەلەپ قىلمىدىم؛ چۈنكى قۇرۇلۇش ئىشى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈك ئىدى. \m \v 19 ــ ئاھ خۇدايىم، مەن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشىمنى ياد ئەتكەيسەن، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!.\x + \xo 5:19 \xt نەھ. 13‏:22\x* \b \b \m \c 6 \s1 سانباللاتنىڭ قۇرۇلۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش سۇيىقەستى \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەب بولغان گەشەم ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قالغان قىسمى مېنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاپ چىققانلىقىمنى، سېپىلنىڭ ئەمدى بۆسۈكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ (لېكىن ئۇ چاغدا مەن تېخى سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدىم)، \v 2 سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا: ــ كەلسىلا، بىز ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كەفىرىم كەنتىدە كۆرۈشەيلى! ــ دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماڭا قەست قىلماقچى ئىكەن. \f □ \fr 6:2 \ft \+bd «كەفىرىم كەنتىدە»\+bd* ــ ياكى «كەنتلەرنىڭ بىرىدە».\f* \v 3 شۇڭلاشقا مەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: ــ مەن ئۇلۇغ بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن سىلەر تەرەپكە چۈشمەيمەن. مەن قانداقمۇ سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارىمەن دەپ، ئىشنى تاشلاپ ئۇنى توختىتىپ قوياي؟ ــ دېدىم. \m \v 4 ئۇلار ئۇدا تۆت قېتىم مۇشۇ تەرىقىدە ئادەم ئەۋەتتى، مەن ھەر قېتىم شۇنداق جاۋاپ بەردىم. \v 5 ئاندىن سانباللات بەشىنچى قېتىم شۇ تەرىقىدە ئۆز خىزمەتكارىغا پېچەتلەنمىگەن خەتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئەۋەتىپتۇ. \v 6 خەتتە: «ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ تارقىلىپ يۈرىدۇ، ۋە گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ۋە يەھۇدالار بىرگە ئىسيان كۆتۈرمەكچى ئىكەنسىلەر؛ شۇڭا سەن سېپىلنىمۇ يېڭىۋاشتىن ئوڭشاشقا كىرىشىپسەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارغا پادىشاھ قىلماقچىكەنسەن. \f □ \fr 6:6 \ft \+bd «گەشەم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردە «گاشمۇ» ــ گەشەمنىڭ يەنە بىر شەكلى.\f* \v 7 سەن يەنە يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: «مانا، يەھۇدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار!» دەپ جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشقا بىرنەچچە پەيغەمبەر قويۇپسەن. ئەمدى بۇ گەپلەر سۆزسىز پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، كەلگىن، بىز بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېيىلگەنىكەن. \m \v 8 مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئېيتقان ئىشلار ھېچقاچان قىلىنغان ئەمەس؛ بۇلار بەلكى ئۆز كۆڭلۈڭدىن ئويدۇرۇپ چىقارغىنىڭ، خالاس» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. \v 9 ئەمەلىيەتتە، ئۇلار: «مۇشۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشى ئادا قىلىنماي قالىدۇ!» دەپ ئويلاپ بىزنى قورقاتماقچى ئىدى. \m ــ «ئەمدى مېنىڭ قولۇمنى ئىشتا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەيسەن!». \b \m \s1 يالغان پەيغەمبەر شېمايانىڭ تەھدىت سېلىشى \m \v 10 مەھەتابەلنىڭ نەۋرىسى، دېلايانىڭ ئوغلى شېمايا ئۆزىنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغانىدى؛ مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم ئۇ: ــ بىز خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە كۆرۈشەيلى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئېتىپ قويايلى؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، كېچىسى كېلىپ سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى! ــ دېدى.\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «شېمايا ئۆزىنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغانىدى\+bd* ــ ئۆزىنى قامىۋېلىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس؛ «رەسىمىي ناپاك» بولغانلىقى ياكى قەسەم ئىچكەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 11 مەن: ــ ماڭا ئوخشاش بىر ئادەم قانداقمۇ قېچىپ كەتسۇن؟ مەندەك بىر ئادەم جېنىمنى قۇتقۇزىمەن دەپ قانداقمۇ ئىبادەتخانىغا كىرىۋالغۇدەكمەن؟ مەن ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرىۋالمايمەن! ــ دەپ جاۋاپ بەردىم. \v 12 چۈنكى مەن قارىسام، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى توبىيا بىلەن سانباللات تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ماڭا زېيان يەتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ بېشارەت بەرگەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. \v 13 ئۇنى سېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت، مېنى قورقۇتۇپ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلغۇزۇپ گۇناھ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى.\f □ \fr 6:13 \ft \+bd «شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى»\+bd* ــ سانباللات ۋە توبىيانىڭ بۇ ئەقلى خېلى ھىيلە-مىكىرلىك ئىدى. نەھەمىيا كاھىن ئەمەس؛ شۇڭا (1) ئۇ ئىبادەتخانىغا ناپاك ھالدا ياكى ئېھتىياتسىزلىق بىلەن كىرسە گۇناھ ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن ئىدى؛ (2) «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۆزىگە كىرگەن بولسا گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى؛ قايسىلا ئەھۋالدا بولسۇن ئۆز خەلقى ئالدىدىكى نام-ئابرۇيى چۈشكەن بولاتتى ۋە شۇنىڭ تۈپەيلىدىن قۇرۇلۇش ئىشى توختىتىلغان بولاتتى.\f* \m \v 14 ــ «ئاھ خۇدا، توبىيا بىلەن سانباللاتنى ئېسىڭدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا يارىشا ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقاتماقچى بولغان ئايال پەيغەمبەر نوئادىيا بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن!». \b \m \s1 قايتا ئوڭشاشنىڭ تاماملىنىشى \m \v 15 ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى سېپىل پۈتتى، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئەللىك ئىككى كۈن ۋاقىت كەتتى. \v 16 شۇنداق بولدىكى، دۈشمەنلىرىمىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئەللەر قورقۇپ كېتىشتى؛ ئۆز نەزىرىدە ھەيۋىتى بەك چۈشۈپ كەتتى ۋە بۇ \add قۇرۇلۇشنى\add* خۇدايىمىزنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. \v 17 شۇ كۈنلەردە يەھۇدىيەدىكى مۆتىۋەرلەر توبىياغا نۇرغۇن خەت يازدى، توبىيامۇ ئۇلارغا جاۋابەن دائىم خەت يېزىپ تۇردى. \v 18 چۈنكى يەھۇدىيەدە توبىياغا باغلىنىپ قېلىپ، قەسەم ئىچكەن نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئاراھنىڭ ئوغلى، شېكانىيانىڭ كۈيئوغلى ئىدى، ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوھانان بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللامنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. \v 19 شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مېنىڭ ئالدىمدا پات-پات توبىيانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشاتتى ھەم مېنىڭ گەپلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشاتتى؛ توبىيا بولسا ماڭا پات-پات تەھدىت سېلىپ خەت يېزىپ تۇراتتى. \b \b \m \c 7 \s1 ھانانى بىلەن ھانانىيانىڭ بىرلىكتە باشقۇرۇشقا قويۇلۇشى \m \v 1 سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، \v 2 مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى. \f □ \fr 7:2 \ft \+bd «ئىنىم ھانان»\+bd* ــ نەھەمىيانىڭ ئىنىسى 2:1، 3دە تىلغا ئېلىنىدۇ. \+bd «مەن ئىنىم ھانانى بىلەن ... ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم»\+bd* ــ يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا ئادەملەرنى قويۇش، نەھەمىيانىڭ ئارتاخشاشتانىڭ يېنىغا قايتماقچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (6:2نى كۆرۈڭ). \+bd «ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ..». بەزى ئالىملار «ئۇ» ھانانىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \v 3 مەن ئۇلارغا: ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم. \f □ \fr 7:3 \ft \+bd «دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن». \+bd «شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭدەك يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى چۈش ۋاقتىدا ئوچۇق تۇرمىسۇن؛ قوۋۇقلار ئېتىلگەندە، بالداقلىرى تاقالغىنىدا دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار ئېلىنىپ، كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇپ بېكىتىلسۇن؛ بەزىلەر ئالاھىدە نۆۋەتتىكى كۆزەتتە تۇرسۇن، بەزىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆزەتتە تۇرسۇن». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \v 4 شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى. \b \m \s1 بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار •••• «ئەزرا» 2-35‏:1نى كۆرۈڭ \m \v 5 خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: ــ \m \v 6 تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى: ــ \f □ \fr 7:6 \ft \+bd «تۆۋەندىكىلەر... ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن...»\+bd* ــ بۇ تىزىملىك بىلەن «ئەزرا» 2-بابتىكى تىزىملىك ئوتتۇرىسىدا ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى، سانى ۋە تىزىملىك تەرتىپىدە بەزىدە ئازراق پەرقلەر بار. بۇ پەرقلەر ئىككى تىزىملىكنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىسپات بېرىدۇ. ئىككىنچى تىزىملىكنى يېرۇسالېمدا، بىرىنچى تىزىملىكنى بابىلدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى تىزىملىك ئاخىرىدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بىرىنچى تىزىملىكتە خاتىرىلەنگەن بەزىلىرى شۈبھىسىزكى، كېيىن نىيىتىدىن ېينىپ، يېرۇسالېمغا بارماي قالغان ياكى بارغاندىن كېيىن، يەنە بابىلغا قايتىپ كەتكەنىدى؛ شۇنداقلا يېرۇسالېمغا قايتىش يولىدا ئۆلگەنلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەسلىدىكى تىزىملىككە خاتىرىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارىمەن دەپ «قايتىش»قا قاتناشقانلارمۇ بار بولسا كېرەك؛ ئۇلار ئىككىنچى تىزىملىككە خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 7:6 \xt ئەزرا 2\x* \m \v 7 ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ \m \v 8 پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ \v 9 شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ \v 10 ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ \v 11 پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛ \v 12 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ \v 13 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ \v 14 زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ \v 15 بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛ \v 16 بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ \v 17 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ \v 18 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛ \v 19 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛ \v 20 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛ \v 21 ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ \v 22 ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ \v 23 بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛ \v 24 ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ \f □ \fr 7:24 \ft \+bd «ھارىف»\+bd* ــ «ئەزرا» 18:2دە «يوراھ».\f* \v 25 گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ \f □ \fr 7:25 \ft \+bd «گىبېئون»\+bd* ــ «ئەزرا» 20:2دە «گىببار».\f* \v 26 بەيت-لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛ \v 27 ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ \v 28 بەيت-ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى. \v 29 كىرىئات-يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ \v 30 راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ \v 31 مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ \v 32 بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ \v 33 ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛ \v 34 ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ \v 35 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ \v 36 يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ \v 37 لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ \f □ \fr 7:37 \ft \+bd «لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى...»\+bd* ــ ياكى «لودلۇقلار، ھادىدلىقلار ۋە ئونولۇقلار...».\f* \v 38 سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى. \b \m \s1 قايتىپ كەلگەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار •••• «ئەزرا» 2-42‏:36نى كۆرۈڭ \m \v 39 كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ \v 40 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ \v 41 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ \v 42 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى. \m \v 43 لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى.\f □ \fr 7:43 \ft \+bd «خودۋاھ»\+bd* ــ «ئەزرا» 40:2دە «خوداۋىيا».\f* \m \v 44 غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى. \m \v 45 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى. \b \m \s1 قايتىپ كەلگەن مۇقەددەس جاي ۋە شاھ جەمەتىدىكى خىزمەتكارلار •••• «ئەزرا» 2-58‏:43نى كۆرۈڭ \m \v 46 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى. \f □ \fr 7:46 \ft \+bd «ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەتىنىيلار». مەنىسى بەلكىم «بېغىشلانغانلار». ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بەلكىم «گىبېئونلۇقلار» ئىدى. «يەشۇئا» 27:9نى ۋە «1تار.» 2:9نى كۆرۈڭ.\f* \v 47 كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، \f □ \fr 7:47 \ft \+bd «سىيا»\+bd* ــ «ئەزرا» 47:2دە «سىياھا».\f* \v 48 لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى، \v 49 ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، \v 50 رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، \v 51 گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، \v 52 بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، \f □ \fr 7:52 \ft \+bd «نەفۇسسەسىم»\+bd* ــ «ئەزرا» 50:2دە «نەفۇسسىم».\f* \v 53 باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، \v 54 بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، \f □ \fr 7:54 \ft \+bd «بازلىت»\+bd* ــ ياكى «بازلۇت» «ئەزرا» 52:2.\f* \v 55 باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، \v 56 نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. \m \v 57 سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى، \f □ \fr 7:57 \ft \+bd «پېرىدا»\+bd* ــ ياكى «پېرۇدا» «ئەزرا» 55:2.\f* \v 58 يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، \v 59 شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. \f □ \fr 7:59 \ft \+bd «ئامون»\+bd* ــ ياكى «ئامى» «ئەزرا» 57:2.\f* \v 60 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى. \b \m \s1 كېلىپ چىقىشى نائېنىق كىشىلەر •••• «ئەزرا» 2-63‏:59نى \m \v 61 تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. \v 62 بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ \v 63 كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. \f □ \fr 7:63 \ft \+bd «كوزنىڭ ئەۋلادلىرى»\+bd* ــ ياكى «ھاككوزنىڭ ئەۋلادلىرى».\f* \v 64 بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. \v 65 ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.\f □ \fr 7:65 \ft \+bd «ۋالىي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «تىرشاتا»، ئەسلىدە پارس تىلى بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «جانابلىرى». \+bd «ئۇرىم ۋە تۇممىم»\+bd* ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. ئۇ كاھىن كىيگەن «ئەفود»نىڭ يانچۇقىدا (قوشېندا) تۇرىدۇ. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. «مىس.» 28:28-30نى كۆرۈڭ. «ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە» ــ مەنىسى بەلكىم: (1) ئۇرىم ۋە تۇممىم بابىلدا سۈرگۈن بولغان ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ (2) تېپىلغىنى بىلەن ئۇلارغا تەبىر بېرىپ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان كاھىن تېخى چىقمىدى.\f* \b \m \s1 قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى •••• «ئەزرا» 2-67‏:64نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 66 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ \f □ \fr 7:66 \ft \+bd «قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى»\+bd* ــ بۇ «ئەزرا» 64:2دىكى سانغا ئوخشاش؛ شۈبھىسىزكى، بۇ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، بابىلغا قايتماي، يەھۇدىيەدە ھەقىقىي ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ سانىدۇر.\f* \v 67‏-68 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، \v 69 تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى. \b \m \s1 ئىبادەتخانا ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان سوۋغاتلار •••• «ئەزرا» 2-70‏:68نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 70 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى \add ئىبادەتخانا\add* قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛ \f □ \fr 7:70 \ft \+bd «دارىك»\+bd* ــ (ياكى «دراخما») ــ مۇشۇ يەردە پارس ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل ئالتۇن تەڭگە، بىر دارىكنىڭ ئېغىرلىقى 0.4-0.5 گرام بولۇشى مۇمكىن؛ مۇشۇ يەردە بۇ داسلارنىڭ قىممىتى 0.4-0.5 كىلوگرام ئالتۇنغا باراۋەر ئىدى.\f* \v 71 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛ \f □ \fr 7:71 \ft \+bd «مىنا»\+bd* ــ بىرخىل كۈمۈش تەڭگە، 60 شەكەلگە ياكى «تالانت»تىن ئاتمىشتىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. مۇشۇ يەردە كۈمۈشنىڭ جەمئىي ئېغىرلىقى بەلكىم 800-1200 كىلوگرامچە ئىدى.\f* \v 72 خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى. \v 73 شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى.\f □ \fr 7:73 \ft \+bd «شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر... شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) كاھىنلار، لاۋىيلار قاتارلىقلار ئۆزىگە يېڭىۋاشتىن تەقسىم قىلىنغان شەھەرلىرىدە ماكان تۇتتى، ياكى يېرۇسالېمدىكى خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يېقىن بولغان، شۇنداقلا ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەردە ماكانلاشتى؛ (2) لاۋىيلاردىن باشقا ئىسرائىللار، يەنى ئون ئىككى قەبىلىدىن قايتىپ كەلگەنلەر \+bd ئەسلىدە\+bd* ئۆزىگە خاس شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى ياكى يېڭىۋاشتىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەردە ماكانلاشتى. \fp كۆپ شەھەر-يېزىلار ۋەيران بولغاچقا، ياكى يات ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا بولغاچقا، بەلكىم ھەرخىل ئىمكانىيەت تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \b \b \m \c 8 \s1 تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇپ بېرىشى \m \v 1 يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ چاغدا پۈتۈن خالايىق خۇددى بىر ئادەمدەك بولۇپ «سۇ قوۋۇقى» ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەۋراتشۇناس ئەزرادىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلغا تاپىلىغان تەۋرات-قانۇن كىتابىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. \v 2 يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا تەۋرات-قانۇن كىتابىنى جامائەتكە، يەنى ئەر-ئاياللار، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى؛ \f □ \fr 8:2 \ft \+bd «يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ بۇ كۈن «كانايلار چېلىش ھېيتى» ئىدى. ئادەتتە شۈ ھېيت ئۈچۈن بارلىق خەلقنىڭ يېرۇسالېمغا يىغىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايتتى؛ لېكىن يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدىكى «كافارەت كۈنى» ۋە كېيىنكى «كەپىلەر ھېيتى»دا (14-21-كۈنى) يىغىلىشى مۇقەددەس قانۇندا تەلەپ قىلىنغانىدى.\f* \v 3 «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئەتىگەندىن چۈشكىچە، ئەر-ئاياللارغا، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرگە ئوقۇپ بەردى. پۈتكۈل جامائەتنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات-قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى. \v 4 تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى. \v 5 ئەزرا پۈتكۈل خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچتى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن خالايىقتىن ئېگىزدە تۇراتتى؛ ئۇ كىتابنى ئاچقاندا، بارلىق خالايىق ئورنىدىن قوپتى. \v 6 ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. \v 7 ئاندىن كېيىن لاۋىيلاردىن يەشۇيا، بانى، شەرەبىيا، يامىن، ئاككۇب، شاببىتاي، خودىيا، مائاسېياھ، كېلىتا، ئازارىيا، يوزاباد، ھانان ۋە پېلايالار خالايىققا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى؛ جامائەت ئۆرە تۇراتتى. \v 8 ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى.\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «ئۇلار ... كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ ... چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى»\+bd* ــ بۇ چۈشەندۈرۈش جەريانى، شۈبھىسىزكى، ئارامىي تىلىغا ۋە بەلكىم باشقا بىرنەچچە تىللارغا تەرجىمە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.\f* \m \v 9 ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە قانۇننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتىدىغان لاۋىيلار پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بۈگۈن خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر، يىغا-زار قىلماڭلار! ــ دېدى. چۈنكى خالايىقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغا-زار قىلىپ كېتىشكەنىدى. \v 10 ئاندىن \add نەھەمىيا\add* ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە \add يىمەك-ئىچمەك\add* تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى. \v 11 لاۋىيلارمۇ: ــ بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار! ــ دەپ جامائەتنى تىنچلاندۇردى. \v 12 جامائەت قايتىپ بېرىپ، يەپ-ئىچىشتى، باشقىلارغىمۇ يىمەك-ئىچمەك ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى؛ چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن تەلىم سۆزلىرىنى چۈشەنگەنىدى. \b \m \s1 «كەپىلەر ھېيتى» ئۆتكۈزۈش \m \v 13 ئەتىسى خالايىق ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىۋاشلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ يېنىغا يىغىلىپ، تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىپ پەم-پاراسەتكە ئېرىشمەكچى بولدى. \v 14 ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىللارغا يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇقتى، \x + \xo 8:14 \xt مىس. 23‏:16؛ لاۋ. 23‏:34؛ چۆل. 29‏:12-39؛ قان. 16‏:13، 14، 15\x* \v 15 شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «سىلەر تاغقا چىقىپ، زەيتۇن شېخى بىلەن ياۋا زەيتۇن شاخلىرىنى، خاداس ئۆجمە شاخلىرىنى، خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان دەرەخ شاخلىرىنى ئەكىلىپ، تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى. \f □ \fr 8:15 \ft \+bd «...تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى»\+bd* ــ بەلگىلىمە «لاۋ.» 34:23-44، «قان.» 13:16-17نى كۆرۈڭ.\f* \v 16 شۇنىڭ بىلەن خالايىق چىقىپ شاخ ئەكىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ھەربىرى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا، «سۇ قوۋۇقى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا ۋە «ئەفرائىم دەرۋازىسى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا كەپىلەرنى ياساپ تىكتى. \v 17 سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن پۈتكۈل جامائەت كەپىلەرنى ياساپ تىكتى ۋە شۇنداقلا كەپىلەرگە جايلاشتى؛ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بولۇشتى. \v 18 بىرىنچى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە \add ئەزرا\add* ھەركۈنى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى. ئۇلار يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى؛ سەككىزىنچى كۈنى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. \b \b \m \c 9 \s1 خەلقنىڭ روزا تۇتۇپ گۇناھىنى تونۇشى \m \v 1 شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛ \v 2 ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. \v 3 ئۇلار شۇ كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۆز يېرىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى؛ كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇدى ۋە خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. \v 4 لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ،...»\+bd* ــ ياكى «يەشۇئا، بانى، ... ۋە كېنانىلار لاۋىيلارنىڭ پەلەمپىيىدە تۇرۇپ،...».\f* \b \m \s1 ھەمدۇسانا ۋە دۇئا \m \v 5 لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق \add دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى\add*: ــ \m «\add ئى خۇدا\add*، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ! \v 6 سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر. \f □ \fr 9:6 \ft \+bd «سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سەن، پەقەت سەنلا ئى پەرۋەردىگار، «ئۇ»دۇرسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن پەقەت بىر «ئۇ» باردۇر.\f*  \x + \xo 9:6 \xt يار. 1؛ زەب. 146‏:6؛ روس. 14‏:15؛ 17‏:24؛ ۋەھ. 14‏:7\x* \v 7 سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئابرامنى تاللىدىڭ، ئۇنى كالدىيەنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ. \f □ \fr 9:7 \ft \+bd «سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بەرھەق، ئى پەرۋەردىگارخۇدا، سەن «ئۇ»دۇرسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 6-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ»\+bd* ــ «يار.» 1:17نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:7 \xt يار. 11‏:31، 32؛ 12‏:1\x* \v 8 سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ.\x + \xo 9:8 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 15‏:18،6؛ 17‏:8؛ 26‏:4\x* \m \v 9 سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا جەبىر-زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى نالىسىغا قۇلاق سالدىڭ. \x + \xo 9:9 \xt مىس. 3‏:7؛ 14‏:10\x* \v 10 سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ. \x + \xo 9:10 \xt مىس. 7؛ 8؛ 9؛ 10؛ 11؛ 12؛ 14\x* \v 11 سەن يەنە \add ئاتا-بوۋىلىرىمىز\add* ئالدىدا دېڭىزنى بۆلۈپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتتى؛ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتىڭ، خۇددى جۇشقۇنلۇق دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك غەرق قىلدىڭ. \x + \xo 9:11 \xt مىس. 14‏:22-31\x* \v 12 سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى بىلەن، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن يېتەكلىدىڭ، بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بەردىڭ. \x + \xo 9:12 \xt مىس. 13‏:21؛ 14‏:19؛ 40‏:38؛ زەب. 105‏:39\x* \v 13 سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارغا توغرا ھۆكۈم، ھەقىقىي ئىشەنچلىك قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ. \x + \xo 9:13 \xt مىس. 19‏:20؛ 20‏:1-21\x* \v 14 سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ مۇقەددەس شابات كۈنۈڭنى تونۇتتۇڭ، قۇلۇڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە تەۋرات قانۇنىنى تاپىلىدىڭ. \v 15 سەن ئۇلارغا ئاچ قالغاندا يېسۇن دەپ ئاسماندىن نان، ئۇسسىغاندا ئىچسۇن دەپ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ؛ سەن ئۇلارغا بېرىشكە قولۇڭنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان ئەشۇ زېمىننى كىرىپ ئىگىلەڭلار، دېدىڭ. \x + \xo 9:15 \xt مىس. 16‏:14؛ 17‏:6؛ چۆل. 20‏:9\x* \v 16 لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. \v 17 ئۇلار ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراتقان كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى ياد ئەتمىدى، بەلكى بوينى قاتتىقلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلىپ، قۇل قىلىنغان جايغا كەتمەكچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يولباشچى تىكلىدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، زور مېھىر-مۇھەببەتلىك تەڭرىدۇرسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. \x + \xo 9:17 \xt مىس. 34‏:7؛ چۆل. 14‏:18،4؛ زەب. 86‏:5\x* \v 18 ئۇلار ھەتتا تېخى ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا بۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دېگەن ۋاقتىدا ھەم قاتتىق كۇپۇرلۇق قىلغىنىدا، \x + \xo 9:18 \xt مىس. 32\x* \v 19 سەن تولىمۇ رەھىمدىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىلا باياۋاندا تاشلاپ قويمىدىڭ؛ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا يول باشلىدى؛ كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلاردىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا نۇر بېرىپ، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى. \x + \xo 9:19 \xt مىس. 13‏:22؛ 40‏:38\x* \v 20 سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ. \x + \xo 9:20 \xt چۆل. 11‏:17؛ يە. 5‏:12\x* \v 21 سەن ئۇلارنى باياۋاندا قىرىق يىل قامداپ كەلدىڭ؛ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىرىمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. \x + \xo 9:21 \xt قان. 2‏:7؛ 8‏:4؛ 29‏:5\x* \v 22 سەن پادىشاھلىقلار ۋە تائىپىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بەردىڭ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا چېگرالار قىلىپ بەردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. \f □ \fr 9:22 \ft \+bd «سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى...»\+bd* ــ ياكى «سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى...»\f*  \x + \xo 9:22 \xt چۆل. 21‏:21، 33\x* \v 23 سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ. \x + \xo 9:23 \xt يار. 22‏:17\x* \v 24 ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. \x + \xo 9:24 \xt يە. 13-1 \x* \v 25 ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى! \m \v 26 لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى. \x + \xo 9:26 \xt 1پاد. 18‏:4؛ 19‏:10؛ 2تار. 24‏:20، 21\x* \v 27 شۇڭا سەن ئۇلارنى جەبىر-زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، دەرۋەقە ئۇلار ئۇلارنى قىينىدى؛ ئۇلار قىينالغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا يالۋۇرۇشقانىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىڭ، زور رەھىمدىللىقىڭ بويىچە ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچىلارنى ئەۋەتەتتىڭ، ئۇلار بۇلارنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى. \x + \xo 9:27 \xt ھاك. 2‏:14-23\x* \v 28 لېكىن ئۇلار ئاراملىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا رەزىللىك قىلىشقا باشلىۋىدى، سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى؛ ئۇلار يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا نالە-پەريات قىلىشىۋىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىقلىرىڭ بويىچە ئۇلارنى يېنىش-يېنىشلاپ قۇتقۇزدۇڭ. \v 29 سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى. \f □ \fr 9:29 \ft \+bd «ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «ھايات» پەقەت جىسمانىي ھاياتنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي، روھىي ھاياتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار مۈرىسىنى جاھىل قىلىپ...».\f*  \x + \xo 9:29 \xt لاۋ. 18‏:5؛ ئ‍ەز. 20‏:11؛ رىم. 10‏:5؛ گال. 3‏:12\x* \v 30 ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. \x + \xo 9:30 \xt 2پاد. 17‏:13؛ 2تار. 36‏:15\x* \v 31 ھالبۇكى، سەن زور رەھىمدىللىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمىدىڭ ھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ؛ چۈنكى سەن مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل تەڭرىدۇرسەن. \m \v 32 ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز. \v 33 بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق ئىشتا سەن ئادىلسەن؛ چۈنكى سېنىڭ قىلغىنىڭ ھەقىقەت بويىچە بولدى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز رەزىللىكتۇر. \x + \xo 9:33 \xt قان. 32‏:4؛ دان. 9‏:14\x* \v 34 پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى. \v 35 ئۇلار سەن ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلغان پادىشاھلىقتا تۇرۇشتىن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زور مەمۇرچىلىقتىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا يايغان بۇ كەڭ مۇنبەت زېمىندىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىڭدە بولمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن يانمىدى. \v 36 مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق! \v 37 \add زېمىن\add* سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزنى ئىدارە قىلىشقا بېكىتكەن پادىشاھلارغا مول مەھسۇلاتلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار بەدەنلىرىمىزنى ھەم چارۋا ماللىرىمىزنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ بىز زور دەرد-ئەلەمدە بولدۇق». \m \v 38 «ــ بىز مانا مۇشۇ بارلىق ئىشلار تۈپەيلى مۇقىم بىر ئەھدىنى تۈزۈپ يېزىپ چىقتۇق؛ ئەمىرلىرىمىز، لاۋىيلىرىمىز بىلەن كاھىنلىرىمىز بۇنىڭغا ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى». \b \b \m \c 10 \s1 مۆھۈر باسقانلار \m \v 1 بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مۆھۈر باسقانلار ھاقالىيانىڭ ئوغلى، ۋالىي نەھەمىيا بىلەن زەدەكىيا ئىدى؛ \f □ \fr 10:1 \ft \+bd «بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مۆھۈر باسقانلار ... ۋالىي نەھەمىيا بىلەن زەدەكىيا ئىدى»\+bd* ــ زەدەكىيامۇ كاھىن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 8-ئايەتنى كۆرۈڭ (نەھەمىيادىن باشقا بۇ تىزىملىكتىكى ئادەملەر ھەممىسى كاھىنلار ئىدى).\f* \v 2 ئاندىن \add كاھىنلاردىن\add* سېرايا، ئازارىيا، يەرەمىيا، \v 3 پاشخۇر، ئامارىيا، مالكىيا، \v 4 ھاتتۇش، شەبانىيا، ماللۇق، \v 5 ھارىم، مەرەموت، ئوبادىيا، \v 6 دانىيال، گىننىتون، بارۇق، \v 7 مەشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، \v 8 مائازىياھ، بىلگاي، شېمايالار؛ ئۇلار كاھىنلار ئىدى. \m \v 9 لاۋىيلاردىن: ــ ئازانىيانىڭ ئوغلى يەشۇئا، ھېنادادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىننۇئى بىلەن كادمىيەل \v 10 ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شەبانىيا، خودىيا، كېلىتا، پېلايا، ھانان، \v 11 مىكا، رەخوب، ھاشابىيا، \v 12 زاككور، شەرەبىيا، شەبانىيا، \v 13 خودىيا، بانى، بېنىنۇ ئىدى. \m \v 14 جامائەت باشلىقلىرىدىن: پاروش، پاھات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، \v 15 بۇننى، ئازگاد، بىباي، \v 16 ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، \v 17 ئاتېر، ھەزەكىيا، ئاززۇر، \v 18 خودىيا، ھاشۇم، بىزاي، \v 19 ھارىف، ئاناتوت، نېباي، \v 20 ماگپىياش، مەشۇللام، ھېزىر، \v 21 مەشەزابەل، زادوك، ياددۇئا، \v 22 پىلاتىيا، ھانان، ئانايا، \v 23 ھوشىيا، ھانانىيا، ھاششۇب، \v 24 ھاللوخەش، پىلخا، شوبەك، \v 25 رەھۇم، ھاشابناھ، مائاسېياھ، \v 26 ئاخىياھ، ھانان، ئانان، \v 27 ماللۇق، ھارىم، بائاناھلار ئىدى. \b \m \s1 ئەھدىنىڭ مەزمۇنى: ــ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش \m \v 28 قالغان خەلق: ــ كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر، ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقىپ، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا قايتقانلارنىڭ ھەربىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى قاتارلىق ھىدايەت تېپىپ يورۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى \v 29 ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛ \v 30 قىزلىرىمىزنى بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەرگە ياتلىق قىلمايمىز ھەم ئوغۇللىرىمىزغىمۇ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەيمىز؛ \x + \xo 10:30 \xt مىس. 34‏:16؛ قان. 7‏:3\x* \v 31 بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەر شابات كۈنىدە مال-تاۋار ۋە ئاشلىقلىرىنى ئەكىلىپ ساتماقچى بولسا، شابات كۈنلىرى ياكى ھەرقايسى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردىمۇ ئۇلاردىن قەتئىي ھېچنېمە سېتىۋالمايمىز؛ ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى تېرىقسىز ئاق قالدۇرىمىز ھەم بارلىق قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلىمىز» ــ دېيىشتى.\x + \xo 10:31 \xt مىس. 20‏:10؛ 23‏:10؛ 34‏:21؛ لاۋ. 23‏:2؛ 25‏:2؛ قان. 5‏:1-15\x* \b \m \s1 مۇقەددەس ئۆيگە تەقدىم بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر \m \v 32 بىز يەنە ئۆزىمىزگە ھەربىر ئادەم ھەر يىلى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەل كۈمۈش بېرىشكە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتۇق؛ \v 33 بۇ پۇل «تىزىلىدىغان تەقدىم نان»لار، دائىمىي ئاشلىق ھەدىيەلەر، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى بىلەن يېڭى ئايلاردىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، قەرەلى بېكىتىلگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن، ھەرخىل مۇقەددەس بۇيۇملار ئۈچۈن، ئىسرائىلغا كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسۇن دەپ بەلگىلەندى. \x + \xo 10:33 \xt چۆل. 28‏:29\x* \v 34 بىز يەنە ئاتا جەمەتلىرىمىز بويىچە كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە خەلق ئارىسىدا چەك تاشلاپ، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن قەرەلدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدا قالاش ئۈچۈن ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىش نۆۋەتلىرىنى بېكىتتۇق؛ \v 35 يەنە ھەر يىلى ئېتىزىمىزدىكى تۇنجى پىشقان ھوسۇلنى، ھەممە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى، \x + \xo 10:35 \xt مىس. 23‏:19؛ لاۋ. 19‏:23\x* \v 36 شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك، تۇنجى ئوغلىمىزنى ۋە كالا، قوي-ئوغلاق پادىلىرىدىن تۇنجى چارپىيىمىزنى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇ ئۆيدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاھىنلارغا ئەپكېلىشنى، \x + \xo 10:36 \xt مىس. 13‏:2؛ چۆل. 3‏:13؛ 8‏:17\x* \v 37 ھەربىر يېڭى خېمىرنىڭ دەسلەپ پىشقان نانلىرىدىن بىرنى، شۇنداقلا بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىمىزنى تەقدىم قىلىشنى، ھەرخىل دەرەخلەردىن دەسلەپكى پىشقان مېۋىلەرنى، يېڭى شاراب، يېڭى زەيتۇن مېيىنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى، يەنى كاھىنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنىڭدەك ئېتىزلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى لاۋىيلارغا بېرىشنى بېكىتتۇق؛ لاۋىيلار بىزنىڭ تېرىقچىلىققا تايىنىدىغان شەھەرلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى تاپشۇرۇۋالسۇن دەپ بېكىتتۇق؛ \f □ \fr 10:37 \ft \+bd «ھەربىر يېڭى خېمىرنىڭ دەسلەپ پىشقان نانلىرىدىن بىرنى»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان ئۇندىن،... (تەقدىم قىلىشنى بېكىتتۇق)». بىراق «ئەز.» 30:44دىكى مەنىسىدىن قارىغاندا تەرجىمىمىز توغرا بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 10:37 \xt لاۋ. 23‏:17؛ چۆل. 15‏:19؛ 18‏:12، 24، 25؛ قان. 18‏:4\x* \v 38 شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق. \x + \xo 10:38 \xt چۆل. 18‏:26\x* \v 39 ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، يېڭى زەيتۇن مېيىدىن «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ مۇقەددەس جايدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا، يەنى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كاھىن، دەرۋازىۋەن ۋە غەزەلكەشلەر تۇرىدىغان جايغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز خۇدايمىنىزنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ھەرگىز ئۆزىمىزنى تارتمايمىز!\f □ \fr 10:39 \ft \+bd «ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ جۈملىنىڭ بېشىدا «چۈنكى» باردۇر.\f* \b \b \m \c 11 \s1 مەنسەپدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ جايلىشىشى \m \v 1 ئۇ چاغدا خەلق ئىچىدىكى ئەمىرلەر يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ قالغان پۇقرالار چەك تاشلىنىش بىلەن ئوندىن بىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىپ، قالغان ئوندىن توققۇزى باشقا شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. \v 2 ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشقا ئوتتۇرىغا چىققانلارغا بولسا، جامائەت ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. \v 3‏-4 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېمغا ماكانلىشىپ قالغان بەگ-ئەمىرلەر تۆۋەندىكىدەك (ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز تەۋەلىكىدە ماكانلاشقان بولسىمۇ، يەھۇدالاردىن ۋە بىنيامىنلاردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدا ماكانلاشتى): ــ بۇلارنىڭ ئىچىدە، يەھۇدالاردىن: ــ پەرەزنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇززىيانىڭ ئوغلى ئاتايا؛ ئۇززىيا زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا شەفاتىيانىڭ ئوغلى، شەفاتىيا ماھالالېلنىڭ ئوغلى ئىدى. \v 5 يەنە بارۇقنىڭ ئوغلى مائاسېياھ؛ بارۇق كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى، كول-ھوزەھ ھازايانىڭ ئوغلى، ھازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يوئارىبنىڭ ئوغلى، يوئارىب زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى. \f □ \fr 11:5 \ft \+bd «زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلەردە «زەكەرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ (يار.» 12:46، «چۆل.» 20:26نى كۆرۈڭ).\f* \v 6 يېرۇسالېمغا ماكانلاشقان بارلىق پەرەز جەمەتىدىكىلەر جەمئىي تۆت يۈز ئاتمىش سەككىز كىشى بولۇپ، ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى. \m \v 7 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ؛ مەشۇللام يوئەدنىڭ ئوغلى، يوئەد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا كولايانىڭ ئوغلى، كولايا مائاسېياھنىڭ ئوغلى، مائاسېياھ ئىتىيەلنىڭ ئوغلى، ئىتىيەل يەشايانىڭ ئوغلى. \v 8 ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، گابباي ۋە ساللاي ئىدى؛ شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى. \f □ \fr 11:8 \ft \+bd «شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى»\+bd* ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \v 9 زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى؛ سىنۇئاھنىڭ ئوغلى يەھۇدا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى.\f □ \fr 11:9 \ft \+bd «سىنۇئاھ»\+bd* ــ ياكى «ھاسىنوئاھ».\f* \m \v 10 كاھىنلاردىن: ــ يوئارىبنىڭ ئوغلى يەدايا بىلەن ياقىن، \v 11 شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باش غوجىدارى سېرايا؛ سېرايا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى؛ \v 12 يەنە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتتە بولغانلاردىن جەمئىي سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى بار ئىدى؛ يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا بار ئىدى؛ يەروھام پېلالىيانىڭ ئوغلى، پېلالىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ \v 13 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقى بولۇپ، جەمئىي ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كىشى ئىدى؛ يەنە ئازارەلنىڭ ئوغلى ئاماشساي بار ئىدى؛ ئازارەل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مەشىللىموتنىڭ ئوغلى، مەشىللىموت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى؛ \v 14 يەنە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، پالۋان-ئەزىمەتلەردىن، جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى بار ئىدى؛ گېدولىمنىڭ ئوغلى زابدىيەل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى. \m \v 15 لاۋىيلاردىن: ــ ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ ھاششۇب ئازرىكامنىڭ ئوغلى، ئازرىكام ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى؛ \v 16 يەنە لاۋىيلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان شاببىتاي بىلەن يوزاباد بولۇپ، خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ تېشىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. \v 17 يەنە مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا دۇئا ۋاقىتلىرىدا تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى؛ مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى؛ باكبۇكىيا قېرىنداشلىرى ئىچىدە مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى؛ يەنە شاممۇئانىڭ ئوغلى ئابدا بار ئىدى؛ شاممۇئا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. \v 18 مۇقەددەس شەھەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈز سەكسەن تۆت كىشى ئىدى. \m \v 19 دەرۋازىۋەنلەردىن: ــ دەرۋازىلاردا كۆزەتتە تۇرىدىغان ئاككۇب بىلەن تالمون ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار جەمئىي بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى ئىدى. \m \v 20 قالغان ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز مىراسىدا ماكانلاشتى. \m \v 21 ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولسا ئوفەل دۆڭىگە ماكانلاشتى؛ ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىنى زىخا بىلەن گىشپا باشقۇردى.\f □ \fr 11:21 \ft \+bd «ئوفەل»\+bd* ــ («دۆڭ» دېگەن مەنىدە) يېرۇسالېمدىكى ئېگىز رايون ئىدى.\f* \m \v 22 يېرۇسالېمدا لاۋىيلارنى باشقۇرغۇچى بانىنىڭ ئوغلى ئۇززى ئىدى؛ بانى ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكانىڭ ئوغلى ئىدى ــ دېمەك، ئۇززا ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بولغان غەزەلكەشلەردىن ئىدى. \v 23 چۈنكى پادىشاھ ئۇلار توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، غەزەلكەشلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىنى بېكىتكەنىدى.\f □ \fr 11:23 \ft \+bd «ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا...»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەر كۈنلۈك مەسئۇلىيىتى، يەنى...».\f* \m \v 24 يەھۇدانىڭ ئوغلى زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشەزابەلنىڭ ئوغلى پىتاھىيا پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.\f □ \fr 11:24 \ft \+bd «پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغۇچى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «پادىشاھ» مۇشۇ يەردە پارس پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 25 يېزا-قىشلارقلار ۋە ئۇلارغا تەۋە ئەتراپىدىكى جايلاردا يەھۇدالاردىن بەزىلىرى تۇراتتى؛ كىرىئات-ئاربا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، دىبون ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، يەكابزىيەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، \v 26 شۇنداقلا يەشۇئا، مولاداھ، بەيت-پەلەت، \v 27 ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، \v 28 زىكلاگ، مىكونا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، \v 29 ئەن-رىممون، زوراھ، يارمۇت، \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «زوراھ»\+bd* ــ ياكى «زورېئاھ».\f* \v 30 زانوئاھ، ئادۇللام ۋە بۇ ئىككى يەرگە تەۋە قىشلاقلاردا، لاقىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەردە، ئازىكاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەردە ماكانلاشتى؛ ئۇلار ماكانلاشقان يەرلەر بەئەر-شېبادىن تاكى ھىننوم جىلغىسىغا قەدەر سوزۇلدى. \m \v 31 بىنيامىنلار بولسا گېبا، مىكماش، ئايجا، بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، \f □ \fr 11:31 \ft \+bd «ئايجا»\+bd* ــ «ئايجا»نىڭ يەنە بىر ئىسمى «ئايى».\f* \v 32 بەزىلىرى ئاناتوت، نوب، ئانانىيا، \v 33 ھازور، راماھ، گىتتائىم، \v 34 ھادىد، زەبوئىم، نىباللات، \v 35 لود، ئونو، شۇنداقلا ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىدا ماكانلاشقانىدى. \m \v 36 ئەسلىدە يەھۇدىيەگە تەيىنلەنگەن لاۋىيلار قىسىملىرىدىن بەزىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا ماكانلاشتى. \b \b \m \c 12 \s1 بىرىنچى «قايتىش»تا قايتىپ كەلگەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار \m \v 1 شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا بىلەن بىرلىكتە \add سۈرگۈنلۈكتىن\add* چىققان كاھىن ۋە لاۋىيلار تۆۋەندىكىلەر: ــ \add كاھىنلار\add* سېرايا، يەرەمىيا، ئەزرا، \f □ \fr 12:1 \ft \+bd «...كاھىنلار سېرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،...»\+bd* ــ بۇ ئەزرا «ئەزرا» دېگەن كىتابتىكى «ئەزرا» ئەمەس. «تەۋراتشۇناس ئەزرا» بولسا، زەرۇببابەلدىن 90 يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا كەلگەن.\f* \v 2 ئامارىيا، ماللۇق، ھاتتۇش، \v 3 شېكانىيا، رەھۇم، مەرەموت، \v 4 ئىددو، گىننىتوي، ئابىيا، \f □ \fr 12:4 \ft \+bd «گىننىتوي»\+bd* ــ ياكى «گىننىتون».\f* \v 5 مىيامىن، مائادىيا، بىلگاھ، \v 6 شېمايا، يوئارىب، يەدايا، \v 7 ساللو، ئاموك، ھىلقىيا ۋە يەدايا. بۇلار بولسا يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە كاھىن بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. \m \v 8 لاۋىيلاردىن بولسا يەشۇئا، بىننۇئىي، كادمىيەل، شەرەبىيا، يەھۇدا، ماتتانىيالار؛ ماتتانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا مەسئۇل بولدى. \v 9 ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى باكبۇكىيا بىلەن ئۇننى نۆۋىتى بويىچە ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل خىزمەتتە تۇراتتى. \m \v 10 يەشۇئادىن يوياكىم تۆرەلدى، يوياكىمدىن ئەلىياشىب تۆرەلدى، ئەلىياشىبتىن يويادا تۆرەلدى، \f □ \fr 12:10 \ft \+bd «يويادا»\+bd* ــ ياكى «يەھويادا».\f* \v 11 يويادادىن يوناتان تۆرەلدى، يوناتاندىن ياددۇئا تۆرەلدى. \v 12 يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلاردىن جەمەت باشلىقى بولغانلار مۇنۇلار: ــ سېرايا جەمەتىگە مېرايا؛ يەرەمىيا جەمەتىگە ھانانىيا؛ \v 13 ئەزرا جەمەتىگە مەشۇللام؛ ئامارىيا جەمەتىگە يەھوھانان؛ \v 14 مېلىكۇ جەمەتىگە يوناتان؛ شەبانىيا جەمەتىگە يۈسۈپ؛ \f □ \fr 12:14 \ft \+bd «مېلىكۇ»\+bd* ــ ياكى «ماللۇق». \+bd «شەبانىيا»\+bd* ــ بەزى قەدىمىي كۆچۈرمىلەردە «شېكانىيا» دېيىلىدۇ.\f* \v 15 ھارىم جەمەتىگە ئادنا؛ مېرايوت جەمەتىگە ھەلكاي؛ \v 16 ئىددو جەمەتىگە زەكەرىيا؛ گىننىتون جەمەتىگە مەشۇللام؛ \v 17 ئابىيا جەمەتىگە زىكرى؛ مىنيامىن بىلەن موئادىيالارنىڭ جەمەتىگە پىلتاي؛ \v 18 بىلگاھ جەمەتىگە شاممۇئا؛ شېمايا جەمەتىگە يەھوناتان؛ \v 19 يوئارىب جەمەتىگە ماتتىناي؛ يەدايا جەمەتىگە ئۇززى؛ \v 20 ساللاي جەمەتىگە كاللاي؛ ئاموك جەمەتىگە ئېبەر؛ \f □ \fr 12:20 \ft \+bd «ساللاي»\+bd* ــ ياكى «ساللۇ».\f* \v 21 ھىلقىيا جەمەتىگە ھاسابىيا؛ يەدايا جەمەتىگە نەتانەل. \m \v 22 ئەلىياشىب، يويادا، يوھانان ۋە ياددۇئانىڭ كۈنلىرىدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تىزىملانغان ۋە ئوخشاشلا، پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختتىكى چاغلارغىچە كاھىنلارمۇ تىزىملىنىپ كەلگەن. \v 23 جەمەت باشلىقى بولغان لاۋىيلار تاكى ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى يوھاناننىڭ ۋاقتىغىچە تەزكىرىنامىدە تىزىملىنىپ كەلگەن. \f □ \fr 12:23 \ft \+bd «ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى». \+bd «تەزكىرىنامە»\+bd* ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» دېگەن قىسىم ئەمەس؛ «تارىخ-تەزكىرە»دە ئۇنداق تىزىملىك يوق.\f*  \x + \xo 12:23 \xt 1تار. 9‏:10-34\x* \v 24 لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان ھاسابىيا، شەرەبىيا، كادمىيەلنىڭ ئوغلى يەشۇئالار قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ ئەمرى بويىچە نۆۋەتلىشىپ مەدھىيە-مۇناجات، تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىپ تۇراتتى. \v 25 ماتتانىيا، باكبۇكىيا، ئوبادىيا، مەشۇللام، تالمون بىلەن ئاككۇبلار دەرۋازىۋەنلەر بولۇپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ ئامبارلىرىغا قارايتتى. \m \v 26 بۇ كىشىلەر يوزاداكنىڭ نەۋرىسى، يەشۇئانىڭ ئوغلى يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە، شۇنىڭدەك ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.\f □ \fr 12:26 \ft \+bd «بۇ كىشىلەر ... ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن»\+bd* ــ لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ نەسەبنامىلىرى نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟ ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىسپاتلانمىغانلار كاھىنلىق خىزمەتتە ياكى ئىبادەتخانىدىكى لاۋىيلارغا ئائىت خىزمەتتە بولۇشقا مۇيەسسەر بولالمايتتى. بۈگۈنگە قەدەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا كىملەر لاۋىيلاردىن، كىملەر كاھىنلار جەمەتىدىن ئىكەنلىكى خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.\f* \b \m \s1 يېڭى سېپىلنىڭ خۇداغا ئاتاپ تاپشۇرۇلۇشى \m \v 27 يېرۇسالېم سېپىلىنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، جامائەت لاۋىيلارنى تۇرغان ھەرقايسى جايلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىش، غەزەل ئوقۇش، چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلارنى چېلىشقا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئاتاپ تاپشۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. \v 28 غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتىن، نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن، \v 29 بەيت-گىلگالدىن، گېبا بىلەن ئازماۋەت ئېتىزلىقلىرىدىن يىغىلغانىدى؛ چۈنكى غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرىگە مەھەللە-قىشلاقلار قۇرۇۋالغانىدى. \v 30 كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئاندىن خەلقنى ۋە سېپىل دەرۋازىلىرىنى ھەم سېپىلنىڭ ئۆزىنىمۇ پاكلىدى. \m \v 31 مەن \add نەھەمىيا\add* يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى باشلاپ سېپىلغا چىقىپ، تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى چوڭ ئەترەت ئادەمنى ئۇيۇشتۇردۇم، بىر ئەترەت سېپىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «تېزەك قوۋۇقى»غا قاراپ ماڭدى، \v 32 ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھوشايا بىلەن يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېرىمى ماڭدى؛ \v 33 يەنە ئازارىيا، ئەزرا، مەشۇللام، \v 34 يەھۇدا، بىنيامىن، شېمايا، يەرەمىيامۇ ماڭدى؛ \v 35 شۇنىڭدەك كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى قوللىرىغا كاناي ئالغان ھالدا ماڭدى: ــ ئۇلاردىن يوناتاننىڭ ئوغلى زەكەرىيا بار ئىدى (يوناتان شېمايانىڭ ئوغلى، شېمايا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى). \v 36 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا، ئازارەل، مىلالاي، جىلالاي، مائايى، نەتانەل، يەھۇدا، ھانانىيالار بار ئىدى؛ ئۇلار قوللىرىغا خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ سازلىرىنى ئېلىشقانىدى؛ تەۋراتشۇناس ئەزرا ئۇلارنىڭ بېشىدا ماڭغانىدى. \v 37 ئۇلار «بۇلاق قوۋۇقى»غا كېلىپ «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ، «داۋۇتنىڭ ئوردىسى»دىن ئۆتۈپ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»غا كەلدى. \m \v 38 تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككىنچى ئەترەت سول تەرەپ بىلەن ماڭدى، مەن ۋە جامائەتنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ، سېپىل ئۈستىدە «خۇمدانلار مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «كەڭ سېپىل»غىچە مېڭىپ،\f □ \fr 12:38 \ft \+bd «سول تەرەپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەتۈر تەرەپ».\f* \v 39 «ئەفرائىم قوۋۇقى»، «كونا قوۋۇق»، «بېلىق قوۋۇقى» ئۈستىدىن ئۆتۈپ، «ھانانىيەل مۇنارى» ۋە «يۈزنىڭ مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «قوي قوۋۇقى»غا كېلىپ، ئاندىن «قاراۋۇللار قوۋۇقى»دا توختىدۇق. \f □ \fr 12:39 \ft \+bd «يۈزنىڭ مۇنارى»\+bd* ــ ياكى «مېئاھنىڭ مۇنارى». \+bd «قاراۋۇللار قوۋۇقى»\+bd* ــ ياكى «زىندان دەرۋازىسى».\f* \v 40 ئاندىن تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى ئەترەت ئادەم خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇردى؛ مەن بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىمۇ شۇ يەردە تۇردۇق؛ \v 41 كاھىنلاردىن ئېلىئاكىم، مائاسېياھ، مىنيامىن، مىگايا، ئەليويىناي، زەكەرىيا بىلەن ھانانىيالار كارنايلىرىنى ئېلىپ تۇرۇشتى؛ \v 42 يەنە مائاسېياھ، شېمايا، ئەلىئازار، ئۇززى، يەھوھانان، مالكىيا، ئېلام بىلەن ئېزەرمۇ تۇرۇشتى؛ غەزەلكەشلەر يىزراقىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە جاراڭلىق غەزەل ئوقۇشتى. \v 43 شۇ كۈنى جامائەت ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك قۇربانلىقلارنى سۇندى ھەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتى، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى زور شادلىق بىلەن شادلاندۇرغانىدى؛ ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق شادلاندى؛ يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق سادالىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى. \b \m \s1 لاۋىيلار بىلەن كاھىنلارغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھازىرلىنىشى \m \v 44 ئۇ چاغدا بىر قىسىم كىشىلەر كۆتۈرمە قۇربانلىقلار، دەسلەپكى پىشقان ھوسۇللار ۋە ئۆشرىلەرنى ساقلايدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلەندى؛ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىزلىقلاردىن، تەۋرات قانۇنىدا كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بېرىشكە بەلگىلەنگەن ئۈلۈشلەر شۇ يەردە ساقلىناتتى. چۈنكى يەھۇدا خەلقى ئۆز خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن خۇشال ئىدى. \v 45 \add كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار\add*، غەزەلكەشلەر بىلەن دەرۋازىۋەنلەرمۇ، ئۆز خۇداسىنىڭ تاپىلىغان ۋەزىپىسىنى ۋە شۇنىڭدەك پاكلاش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە ئۆتەيتتى. \x + \xo 12:45 \xt 1تار. 25\x* \v 46 چۈنكى قەدىمدە، داۋۇتنىڭ ۋە ئاسافنىڭ كۈنلىرىدە، غەزەلكەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ھەم خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا كۈيلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكچىلەر بولغانىدى. \v 47 زەرۇببابەلنىڭ كۈنلىرىدە ۋە نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدە غەزەلكەشلەرنىڭ ۋە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى، ھەر كۈنلۈك تەمىناتىنى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بېرەتتى؛ ئۇلار يەنە لاۋىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى؛ لاۋىيلارمۇ مۇقەددەس ھىسابلانغان نەرسىلەردىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىپ تۇراتتى. \b \b \m \c 13 \s1 ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى \m \v 1 شۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى جامائەت ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى، كىتابتا: ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار مەڭگۈ خۇدانىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، \x + \xo 13:1 \xt قان. 23‏:2، 4، 5\x* \v 2 چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللارنى ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئەكىلىپ قارشى ئالماي، ئەكسىچە ئۇلارنى قارغاشقا بالائامنى ياللىۋالغان؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان سۆزلەر چىقتى. \f □ \fr 13:2 \ft \+bd «خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن»\+bd* ــ «قان.» 5:23نى كۆرۈڭ. «رۇت»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە شۇ ئىش توغرۇلۇق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 13:2 \xt چۆل. 22‏:5؛ يە. 24‏:9\x* \v 3 شۇنداق بولدىكى، جامائەت بۇ قانۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارلىق شالغۇت كىشىلەرنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتتى. \b \m \s1 توبىيانىڭ ئۆي سايمانلىرىنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشى \m \v 4 بۇ ئىشتىن ئاۋۋال، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ، \f □ \fr 13:4 \ft \+bd «كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ...»\+bd* ــ ياكى «كاھىن ئەلىياشىب توبىيا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ...».\f* \v 5 ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى تەييارلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلەر، مەستىكى، قاچا-قۇچا، شۇنىڭدەك لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىشكە بۇيرۇلغان ئاشلىق ئۆشرىلەر، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيى، شۇنداقلا كاھىنلارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە قۇربانلىق»لار ساقلىناتتى. \v 6 بۇ ۋاقىتلاردا مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەنىدىم؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن يەنە پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ \v 7 يېرۇسالېمغا قايتىپ بارسام، ئەلىياشىبنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا توبىياغا ئۆي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدەك رەزىل ئىشنى ئۇقتۇم. \v 8 بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئازابلىدى، مەن توبىيانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى قويماي تالاغا تاشلاتقۇزىۋەتتىم. \v 9 مەن يەنە ئەمر قىلىپ، ئۇ ئۆيلەرنى پاكلاتقۇزۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچا، ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن مەستىكنى ئۇ يەرگە ئەكىرگۈزۈپ قويدۇم. \b \m \s1 لاۋىيلارغا ھەدىيە قىلىنىدىغان ئۆشرىلەرنىڭ يېڭىۋاشتىن بېكىتىلىشى \m \v 10 مەن يەنە خەقلەرنىڭ لاۋىيلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ۋەزىپىگە قويۇلغان لاۋىيلار بىلەن غەزەلكەشلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز يەر-ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم؛ \v 11 شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، \add لاۋىيلارنى\add* يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم. \f □ \fr 13:11 \ft \+bd «لاۋىيلارنى يىغىپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنى يىغىپ».\f* \v 12 ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى. \v 13 مەن خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا خەزىنىچى-ئامبارچىلارنى تەيىنلىدىم؛ ئۇلار كاھىن شەلەمىيا، تەۋراتشۇناس زادوك بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان پىدايا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ماتتانىيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى ھانان بار ئىدى؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىناتتى؛ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئىدى. \m \v 14 ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!»\f □ \fr 13:14 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ (يەنى، ئىبادەتخانىنىڭ) خىزمەتچىلىرى».\f* \b \m \s1 خەلققە شابات كۈنىنى ھۆرمەتلەشنى جېكىلەش \m \v 15 شۇ كۈنلەردىمۇ مەن يەھۇدىيەدە بەزىلەرنىڭ شابات كۈنلىرىدە شاراب كۆلچەكلىرىنى چەيلەۋاتقىنىنى، ئۆنچىلەرنى باغلاپ، بۇلارنى ۋە شۇنىڭدەك شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەرخىل يۈكلەرنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇلار بۇلارنى يېرۇسالېمغا شابات كۈنىدە ئېلىپ كىردى؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاش-تۈلۈكلەرنى سېتىپ يۈرگەن كۈنى مەن ئۇلارنى گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. \m \v 16 يەنە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان بەزى تۇرلۇقلار بېلىق ۋە ھەرخىل مال-تاۋارلارنى توشۇپ كېلىپ شابات كۈنى يەھۇدىيەلىكلەرگە ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇلارنى يېرۇسالېمدا ساتىدىكەن! \f □ \fr 13:16 \ft \+bd «يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان..»\+bd* ــ ياكى «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان..». ئىبرانىي تىلىدا «شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان..».\f* \v 17 شۇ سەۋەبتىن مەن يەھۇدىيە ئەمىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەرنىڭ شابات كۈنىنى بۇلغاپ، رەزىل ئىش قىلغىنىڭلار نېمىسى؟ \x + \xo 13:17 \xt مىس. 20‏:8؛ لاۋ. 19‏:30\x* \v 18 ئىلگىرى ئاتا-بوۋاڭلار ئوخشاش ئىشنى قىلغان ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا ۋە بۇ شەھەرگە ھازىرقى بۇ بالايىئاپەتنى ياغدۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ياغدۇرىدىغان بولدۇڭلار، دېدىم. \m \v 19 شۇڭا، شۇنداق بولدىكى، شابات كۈنىدىن ئىلگىرى، گۇگۇم سايىسى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا چۈشكەن ۋاقتىدا، مەن شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ۋە شۇنىڭدەك شابات كۈنى ئۆتۈپ كەتكۈچە قوۋۇقلارنى ئاچماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم. مەن يەنە ھېچقانداق يۈكنىڭ توشۇلۇپ قوۋۇقلاردىن كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى شەھەر قوۋۇقلىرىغا كۆزەتچى قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. \f □ \fr 13:19 \ft \+bd «شابات كۈنىدىن ئىلگىرى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى كۈن كەچتە، كۈن پېتىشى بىلەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، «يار.» 5:1نى كۆرۈڭ).\f* \v 20 شۇنداق بولسىمۇ سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مال-تاۋار ساتىدىغانلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا تۈنىدى. \v 21 مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ سىلەر نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا تۈنەيسىلەر؟ يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن، دېۋىدىم، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ شابات كۈنىدە كەلمىدى. \f □ \fr 13:21 \ft \+bd «مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈستۈڭلارغا بىر قول ئەۋەتىمەن» ــ بۇ ئىبرانىي تىلىدا (يېنىك بىر ئىپادە بولغاچقا) يۇمۇرلۇق گەپ ئىدى.\f* \v 22 ئاندىن شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارغا: ــ ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار؛ ئاندىن كېلىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى بېقىڭلار، دېدىم. \m ــ «ئى خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىنمۇ مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ زور ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى ئايىغايسەن!» \b \m \s1 يات ئەللىكلەر بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ مەنئى قىلىنىشى \m \v 23 شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئاشدود، ئاممون ۋە موئاب قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغان بەزى يەھۇدالارنى بايقىدىم. \v 24 ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى ئاشدودچە سۆزلەيدىكەن (ۋە ياكى يۇقىرىقى ئەللەرنىڭ بىرىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان) ۋە يەھۇدىي تىلىدا شۆزلىيەلمەيدىكەن. \v 25 مەن ئۇلارنى \add سوقۇشۇپ\add* ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر! \v 26 ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان. \x + \xo 13:26 \xt 1پاد. 11‏:4؛ 1پاد. 3‏:13؛ 2تار. 1‏:12\x* \v 27 ئەمدى سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا كىرىپ بۇنداق چوڭ رەزىللىك قىلىپ، يات ئەللىك قىزلارنى ئېلىپ خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدىم. \m \v 28 باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى، يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھورونلۇق سانباللاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى؛ مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم. \m \v 29 ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!». \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن نېرى قىلىپ پاكلاندۇردۇم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ \add يېڭىۋاشتىن\add* بەلگىلەپ، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلدىم. \v 31 مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. \b \m «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!».