\id NAM \h ناھۇم \toc1 ناھۇم \toc2 ناھۇم \toc3 ناھ. \mt1 ناھۇم \c 1 \s1 خۇدانىڭ نىنەۋەنىڭ ھالاكىتى توغرۇلۇق پەرمانى \m \v 1 نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «يۈكلەنگەن ۋەھىي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» (ئاساسىي مەنىسى «يۈك») دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىپ ھەم «ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \b \m \v 2 پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ \m بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، \m دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ \m پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، \m دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ.\x + \xo 1:2 \xt مىس. 20‏:5\x* \m \v 3 پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، \m كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، \m گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ \m پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، \m بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر. \m \v 4 ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، \m بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ \m باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، \m كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ \m لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ»\+bd* ــ باشان ۋە لىۋاندا ھۆل-يېغىن كۆپ، بەك مول بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرى ئىنتايىن مۇنبەت ئىدى. كارمەل بولسا ئىسرائىلدا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي؛ ئۇ «قاغجىراپ كەتكەن» بولسا، باشقا جايلار تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى.\f* \m \v 5 تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ، \m دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ، \m يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ، \m جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.\x + \xo 1:5 \xt مىس. 19‏:18؛ زەب. 18‏:7-9؛ 29‏:4-6؛ 97‏:4، 5؛ 114‏:4.\x* \m \v 6 كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟ \m كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟ \m ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، \m ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ. \m \v 7 پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ \m ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ.\x + \xo 1:7 \xt يو. 3‏:16\x* \m \v 8 بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ، \m قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ»\+bd* ــ «ئېشىپ تاشقان كەلكۈن» پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئادەتتە كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىپ «تاجاۋۇز قىلغۇچى قورقۇنچلۇق قوشۇن»نى كۆرسىتىدۇ. بىراق «ناھۇم» دېگەن ئۇشبۇ قىسمىدا، ئۇ ھەم ئەسلى مەنىسىدە (كەلكۈن) بىلەن قوللىنىلغان ھەم «تاجاۋۇزچى قوشۇن» دېگەن كۆچمە مەنىدىمۇ قوللىنىلغان. نىنەۋە شەھىرى تىگرىس دەرياسىنىڭ ئېشىپ تېشىشى ھەم بابىل قوشۇنى تەرىپىدىن يەر بىلەن تەڭ قىلىنغان. \fp «شۇ يەر» بەلكىم نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 9 سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ \m ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛ \m يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۆزى قىلماقچى بولغىنىنى بەرىبىر ئادا قىلىدۇ». \+bd «يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ»\+bd* ــ كونا زامانلاردىكى نۇرغۇن «ۋەيران قىلىنغان» شەھەرلەر كېيىن قايتا قۇرۇلغان. مەسىلەن، يېرۇسالېم شەھىرى ئاز دېگەندە بەش قېتىم قايتىدىن قۇرۇلغان. بىراق نىنەۋە شەھىرى غۇلىتىۋېتىلگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى.\f* \m \v 10 ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، \m ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، \m ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ.\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،...»\+bd* ــ پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھەممە پۇقرا مەست بولغان ۋاقتىدا ۋەيران قىلىنىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ. \+bd «ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «كۆيدۈرۈلىدۇ». باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 11 سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى، \m ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر»\+bd* ــ «ئىبلىس» مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئال» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز تەۋراتتا ئادەتتە شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. باشقا تەرجىمىلەردە «رەزىل»، «ئەرزىمەس» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. \fp مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ «ئىبلىسنىڭ نەسىھەتچىسى» سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ (سەنناخېرىب مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى يەھۇداغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەم ئۆلۈمى تەۋراتتا، «يەشايا» 36-38 بابلاردا خاتىرىلەنگەن). ئۇنداق بولغاندا، ناھۇم پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ بۇ بېشارىتىنى مەزكۇر كىتابنى رەسمىي توپلاپ پۈتكۈزۈشتىن 50 يىل بۇرۇن، يەنى ياش ۋاقتىدا خاتىرىلىگەن بولىدۇ.\f* \m \v 12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ، \m ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، \m شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛ \m مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، \add ئى خەلقىم\add*، \m قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ،... »\+bd* ــ «تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ» ــ بۇ ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تەسۋىرلەشكە دائىم ئىشلىتىدىغان ئىبارە. \+bd «ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ»\+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «كەلمەسكە كېتىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بەزىدە «تامچىلاپ-تامچىلاپ يوقاپ كېتىدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 13 ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، \m ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن. \m \v 14 پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، \m سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ \m بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛ \m مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن، \m چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن.\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ ...»\+bd* ــ خۇدا مۇشۇ يەردە قايتىدىن ئاسۇرىيە پادىشاھىغا سۆز قىلىدۇ. \fp «سېنىڭ نامىڭ ... تېرىلمەيدۇ» ــ بۇ بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچىدىن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھېچ نەسلى قالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنى ئەسلىتىدىغان ھېچ ئابىدىلەر، خاتىرە تاشلار قالمايدۇ (ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ئەسلىدە چوڭ-چوڭ ئابىدە تاشلىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى). \+bd «مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ئۇنى (يەنى پادىشاھنىڭ بۇتخانىسىنى) قەبرەڭ قىلىپ بېكىتىمەن».\f* \m \v 15 مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، \m ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا! \m ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛ \m چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛ \m ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا!»\+bd* ــ مۇشۇ خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنى بەلكىم نىنەۋە شەھىرى ۋەيران بولۇپ، خۇدانىڭ خەلقىگە خاتىرجەم كۈنلەر كەلدى، دېگەنلىك.\f*  \x + \xo 1:15 \xt يەش. 52‏:7؛ رىم. 10‏:15\x* \b \b \m \c 2 \s1 نىنەۋەنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ تەسۋىرلىرى •••• خۇدا نىنەۋەگە قايتىدىن سۆز قىلىدۇ \m \v 1 بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛ \m ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، \m يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت!\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى»\+bd* ــ دېمەك، بىرسى سەن نىنەۋەنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. \+bd «ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت!»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ ــ نىنەۋەلىكلەر جەڭگە شۇنچە كۆپ تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى بىكار بولىدۇ.\f* \m \v 2 (چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، \m ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛ \m چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، \m ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى).\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم ئېسىگە كەلتۈرىدۇكى، خۇدا ياقۇپ پەيغەمبەرگە يېڭى ئىسىم قويدى، يەنى «ئىسرائىل» دەپ قويدى. «ياقۇپ»نىڭ مەنىسى «ئالدامچى» ياكى «باشقىنىڭ ئورنىنى باسقۇچى»، «ئىسرائىل»نىڭ مەنىسى «خۇدا بىلەن بىللە بولغان شاھزادە». دېمەك، خۇدا ياقۇپنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا پارلاق كېلەچەك بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابتا، «ياقۇپ» بەزى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ «كونا تەبىئىتى»نى، يەنى خۇدا ئۆچ كۆرگەن يامان ئىللەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى كۆپ قېتىم ھەرخىل ئۇسۇل (بۇلاڭچىلىق، جازانىخورلۇق، باج-سېلىق قاتارلىقلار) بىلەن «قۇرۇقداپ قويغانىدى».\f*  \x + \xo 2:2 \xt زەب. 80‏:12-13؛ يەش. 10‏:12\x* \m \v 3 \add بىتچىت قىلغۇچىنىڭ\add* پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى، \m ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛ \m تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ، \m نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «بىتچىت قىلغۇچىنىڭ پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى»\+bd* ــ «قالقانلىرى قىزىل بويالدى» مۇمكىنچىلىكى باركى، ئاسۇرىيە لەشكەرلىرى جەڭگە تەييارانغىنىدا قالقانلىرىنى قىزىل رەڭدە بوياپ قوياتتى.\f* \m \v 4 جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛ \m كەڭ يوللاردا بىر-بىرىگە سوقۇلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ، \m ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ. \m \v 5 \add سەردار\add* ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛ \m ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛ \m نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ، \m \add باشلىرىغا\add* بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «سەردار ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ»\+bd* ــ «سەردار» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە دۈشمەنلەرنىڭ سەردارىنى كۆرسىتىدۇ (1-ئايەتنى كۆرۈڭ). \fp بەزى ئالىملار «ئۇ» ئاسۇرىيە پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئايەت ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ جىددىي مۇداپىئە تەييارلىقى قىلىۋاتقىنىنى كۆرسىتىدۇ. \fp \+bd «باشلىرىغا بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ»\+bd* ــ «مۇھاسىرە قالقىنى» ــ ئەسكەرلەر سېپىلغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆرۈمەكچى بولغاندا، باشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باش ئۈستىگە چوڭ بىر قالقاندەك نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «قالقانلىق پوتەي».\f* \m \v 6 «دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، \m \add پادىشاھنىڭ\add* ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd ««دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» دېگەنلىك نېمە مەنىسى؟ تىگرىس دەرياسىنىڭ تارماق-ئېرىقلىرى نىنەۋە شەھىرىدىن ئۆتەتتى. دەريالار سېپىلدىن ئۆتكەن جايلاردا كېمىلەرنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ھەم باشقا جايلاردا سۇ ئېقىملىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دەرۋازا-تاقاقلار بېكىتىلگەنىدى. دەل نىنەۋە شەھىرى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان چاغدا دەريا تېشىپ، ئۇنىڭ تاشقى سېپىلىنىڭ 3 كىلومېترلىق قىسمىنى ئېقىتىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بابىل قوشۇنى بۆسۈپ كىرىپ، ئاندىن ئىچكى سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشتى. \fp «پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ» ــ بەلكىم پادىشاھ ھەم ئوردىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى قورقۇنچتىن ئېرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پادىشاھ بارلىق بايلىقلىرىنى يوغان بىر گۈلخان قىلىپ، ئۆزى ۋە كېنىزەكلىرىنى گۇلخاننىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋالدى. \fp بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى جىسمانىي تەرەپتىن: «ئوردا (دەريا ئېقىمى بىلەن) ئېقىپ كېتىدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ.\f* \m \v 7 خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ \m \add دۈشمەن\add* تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ، \m دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ-ئۇھ تارتىپ، \m مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ»\+bd* ــ «خۇززاب» بولسا بەلكىم نىنەۋە خانىشىنىڭ ئىسمى (بۇ ئىسىم ئۇلارنىڭ بىر ئايال بۇتىنىڭ ئىسمى، يەنى «ئىشتار» دېگەن ئىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك). پادىشاھ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغىنى بىلەن خانىش ئۆزى تىرىك قېلىپ رەسۋا قىلىنىپ، دېدەكلىرى بىلەن قۇللۇققا ئەۋەتىلىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بار ــ «مانا بۇ شۇنداق بېكىتىلگەندۇر، ــ ئۇنىڭ (نىنەۋە شەھىرىنىڭ) ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ...».\f* \m \v 8 نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك \add تىنچ\add* بولۇپ كەلدى، \m بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ... \m ئەي توختا! ئەي توختا! \m ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك تىنچ بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نىنەۋە بىر كۆل سۈيىدەكتۇر، بىراق ھازىر سۇلىرى يوقاپ كېتىدۇ...».\f* \m \v 9 كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا-قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. \m \v 10 ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان! \m يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ، \m تىزلىرى بىر-بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛ \m بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ، \m بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ.\x + \xo 2:10 \xt قان. 1‏:28؛ 20‏:8؛ يە. 2‏:11؛ 5‏:1؛ 7‏:5؛ يەش. 13‏:7، 8؛ 21‏:3؛ ئ‍ەز. 21‏:12.\x* \m \v 11 قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ \m ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، \m شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟»\+bd* ــ شىر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ سىمۋولى ئىدى.\f* \m \v 12 شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى، \m چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ \m ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى. \m \v 13 مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ \m مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛ \m قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ، \m ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ \m ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن».\f* \b \b \m \c 3 \s1 نىنەۋەنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى سەۋەبلەر \m \v 1 قانلىق شەھەرگە ۋاي! \m ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان، \m ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس!\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «قانلىق شەھەرگە ۋاي!»\+bd* ــ «قانلىق شەھەر» نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ 1-3-ئايەتلەردە، بۆسۈپ كىرگەن قوشۇنلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.\f* \m \v 2 ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! \m چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، \m ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، \m پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى! \m \v 3 قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، \m قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، \m نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، \m ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، \m ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! \m جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ \m ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ. \m \v 4 ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، \m ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، \m جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ \m سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن،\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ»\+bd* ــ «ئۇ» بۇ يەردە نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ... ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن،...»\+bd* ــ نىنەۋەدىكىلەر رەھىمسىزلىك، زوراۋانلىقتىن ھەۋەس ئالغان بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپ ئەللەرگە كۆپ جادۇگەرلىك ھەم خۇراپاتلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھەم ئۆزلىرىنىڭ پاسكىنا بۇتپەرەسلىكىنى تارقاتقانىدى.\f* \m \v 5 مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ \m ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \m كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، \m ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، \m پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن. \m \v 6 ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، \m سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، \m سېنى رەسۋا قىلىمەن. \m \v 7 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، \m سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ \m «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ \m مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟»\+bd* ــ ناھۇم پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە سۆز ئويىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىسمى («تەسەللى بەرگۈچى» دېگەن مەنىدە) ئۈستىدە كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۇدا خەلقىگە بېشارەتلىرى بىلەن تەسەللى بەرگەنىدى. بىراق «نىنەۋە شەھىرى ئۈچۈن «ناھۇم»لار نەدىن تېپىلىدۇ؟».\f* \m \v 8 سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، \m ئەتراپىدا سۇلار بولغان، \m ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، \m سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟ \m \v 9 ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، \m ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ \m پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى»\+bd* ــ «پۇت» دېگەن يۇرت ھازىرقى سومالىيە. «لىۋىيە»، يەنى «لىبيا»نىڭ قەدىمكى ئىسمى «كۇش».\f* \m \v 10 ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ \m بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ \m ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، \m ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى.\f □ \fr 3:10 \ft \+bd «ئۇمۇ (نو-ئامونمۇ، 8-ئايەتنى كۆرۈڭ) ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى،....»\+bd* ــ مىسىردىكى چوڭ شەھەر «نو-ئامون» ئىنتايىن مۇستەھكەم، ھەتتا ئاسۇرىيە شەھىرىدىن تېخىمۇ «يېڭىلمەس» ئىدى. ئۇ نىل (دېڭىزدەك كەڭ بولغان) دەرياسىنىڭ تۆت ئېقىمى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 20000 جەڭ ھارۋىسى، 100 دەرۋازىلىق زور ئېگىز سېپىلى بار، تۆت مەملىكەت بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. شۇڭا ئۇ «يېڭىلمەس بىر شەھەر» دەپ ھېسابلانغان. بىراق ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى ئاشۇربانىپال تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 665-يىلى رەھىمسىزلىك بىلەن بىتچىت قىلىندى.\f* \m \v 11 سەنمۇ مەست بولىسەن؛ \m سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ \m سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن،...»\+bd* ــ «سەن\+bd مۇ\+bd* مەست بولىسەن» ــ تارىختا كۆپ كۈچلۈك شەھەرلەر ئۆزىدە تۇرغۇچىلارنىڭ بىخەستەلىك قىلىشى ۋە ئۆزلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشى بىلەن، دۈشمەنلەر بۆسۈپ كىرگەن. نو-ئاموننىڭ ئەھۋالىمۇ بەلكىم شۇنداق بولغان، نىنەۋەنىڭ ئاقىۋىتى جەزمەن شۇنداق بولىدۇ.\f* \m \v 12 سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ \m بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. \m \v 13 مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ \m زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ \m ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ.\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى»\+bd* ــ بۇ ئىككى بىسلىق گەپ. بىرىنچىدىن نىنەۋە شەھىرىدىكى كۆپ ئەرلەر شۇ دەۋردىكى پادىشاھى ساردونوپولىسقا ئەگىشىپ بەچچىۋاز بولۇپ كەتتى. ساردونوپولىس ئۆزى ئايالچە كىيىنىپ يۈرەتتى. بۇ ئىشلار خۇدا ئالدىدا ئۆزلىرىگە جازا ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر گۇناھ ئىدى. ئىككىنچىدىن، جەڭگە كەلگەندە، ئاسۇرىيە خەلقى قىز-ئاياللاردەك قورقۇپ كېتىپ قاچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! \m قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! \m سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، \m ھاك لاينى چەيلەپ قوي! \m خۇمداننى راسلاپ قوي! \m \v 15 ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ \m قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ \m ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ \m ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، \m چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل! \m \v 16 سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ \m مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ!\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ!»\+bd* ــ «چېكەتكە لىچىنكىسى ... ئۇچۇپ كېتىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم نىنەۋەنىڭ كۆپ سودىگەرلىرى بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم بەرمەي، «بىكار تەلەپ» چېكەتكىدەك قېچىپ كېتىدۇ؛ 17-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، \m سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ \m مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ \m قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، \m بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ»\+bd* ــ چېكەتكىلەر سوغۇق ۋاقىتلاردا «توڭلاپ قېتىپ قالىدۇ»، ھېچ مىدىرلىماس بولۇپ قالىدۇ. ئاسۇرىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ئوخشاشلا جەڭگە كىرگەندە ھېچ ھەرىكەت قىلماي، بەلكىم قورقۇنچتىن «قېتىپ قالىدۇ». ئاندىن ئۇلار قېچىپ «ئۇچۇپ كېتىدۇ».\f* \m \v 18 چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ \m سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ \m خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، \m ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى»\+bd* ــ «چوپانلىرىڭ» يەنى «خەلق پادىچىلىرىڭ»، «خەلق باققۇچىلىرىڭ» بەلكىم مەملىكەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغانلارنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھېچكىم تارقىلىپ كەتكەن ئاسۇرىيە خەلقىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇلارنى يىغمايدۇ، باقمايدۇ. \fp \+bd «خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ...»\+bd* ــ ئاسۇرىيە خەلقى تارقىتىلغاندىن كېيىن ھەرگىز قايتىدىن بىر ئەل-يۇرت بولمىغان.\f* \m \v 19 سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، \m سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ \m خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ \m چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟