\id MIC \h مىكاھ \toc1 مىكاھ \toc2 مىكاھ \toc3 مىك. \mt1 مىكاھ \c 1 \s1 بېشارەتلەر 1-قاتار •••• بارلىق ئەللەر، ئاڭلاڭلار! سامارىيە ۋە يەھۇدانىڭ ھالىغا ۋاي! \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ــ يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە مورەشەتلىك مىكاھغا كەلگەن: ــ \m ــ ئۇ بۇلارنى سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كۆرگەن. \m \v 2 ئاڭلاڭلار، ئى خەلقلەر، ھەممىڭلار! \m قۇلاق سال، ئى يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا بولغان ھەممىڭلار: ــ \m رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، \m رەب مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن!\x + \xo 1:2 \xt قان. 32‏:1؛ يەش. 1‏:2\x* \m \v 3 چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ؛ \m ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «... ئۇ (پەرۋەردىگار) چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ»\+bd* ــ «كىرىش سۆز»دە ئېيتقىنىمىزدەك، «ئىسرائىل (ۋە باشقا ئەللەر) ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار» بۇتلارغا، جىن-شەيتانلارغا ئاتالغان جايلار ئىدى.\f*  \x + \xo 1:3 \xt قان. 32‏:13؛ 33‏:29؛ زەب. 115‏:3؛ يەش. 26‏:21؛ ئام. 4‏:13\x* \m \v 4 ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ، \m جىلغىلار يېرىلىدۇ، \m خۇددى موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىگەندەك، \m سۇلار تىك ياردىن تۆكۈلگەندەك بولىدۇ.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ... (3-ئايەت) ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئاخىرقى زاماندىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:4 \xt ھاك. 5‏:4؛ زەب. 18‏:7-9؛ زەب. 68‏:2، 8؛ زەب. 97‏:5؛ ئام. 9‏:5\x* \m \v 5 بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى، \m ئىسرائىل جەمەتىدىكى گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ؛ \m ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ \m يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»\add نى ياساش\add* نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»نى ياساش نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدادا «يۇقىرى جايلار» بۇتپەرەسلىككە ئائىت، يىرگىنچلىك جايلارغا ئايلاندۇرۇلغانىدى. «يۇقىرى جايلار» ياساش «يېرۇسالېمدىن باشلانغان» ــ سۇلايمان پادىشاھنىڭ بۇ ئىشلاردا ئەيىبى بار ئىدى («2پاد.» 7:11نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 6 شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، \m ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن؛ \m مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن، \m ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يالىڭاچلايمەن؛\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا مەن سامارىيەنىئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، يېڭىلا تىكىلگەن ئۇزۇمزارلىقتەك قىلىۋېتىمەن». \+bd «مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن»\+bd* ــ سامارىيەدىكى ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر ئاجايىب ھەيۋەتلىك چوڭ تاشلاردىن ياسالغانىدى (ئومرى دېگەن پادىشاھنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ). \+bd «... دومىلىتىپ تاشلايمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۆكۈپ تاشلايمەن».\f* \m \v 7 ئۇنىڭ بارلىق ئويما مەبۇدلىرى پارا-پارا چېقىۋېتىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ پاھىشىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلىرى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ \m بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيرانە قىلىمەن؛ \m چۈنكى ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ \m ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ (سامارىيە) پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى» توغرۇلۇق: ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتىلغاندەك، ئىسرائىل ۋە يەھۇدانىڭ بۇتپەرەسلىكى ھەرخىل شەھۋانىيلىك بىلەن ئارىلاشقان. بۇتخانىلارغا مەخسۇس «ئاتاپ بېغىشلىغان» پاھىشە ئاياللار بىلەن بىللە يېتىش بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ بىر پائالىيىتى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇتخانىلار ۋە ئۇلارنى باشقۇرغۇچىلار بۇ ئارقىلىق بېيىپ كەتكەنىدى. «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىسرائىلنى ئىشغال قىلغۇچى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ۋە كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسى بەلكىم مۇشۇ بۇتپەرەسلىكتىن ئېرىشكەن مال-دۇنيالىرىنى ئوخشاش يولدا (ئۆزلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى سېلىپ، بۇتپرەرەسلىك-پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق بېيىشقا) ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن! \fp باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: ــ پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق ئېرىشەلگەن شۇ كۈمۈش بۇتلارغا ھەل بېرىشكە ئىشلەتكەن؛ تاجاۋۇزچىلار كۈمۈشنى قايتىدىن ئېرىتىپ، ئۇنى تەڭگىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ قايتىدىن «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى»گە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.\f* \m \v 8 بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، \m مەن ھۇۋلايمەن؛ \m يالىڭاياق، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىمەن؛ \m مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ \m ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن ... مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن»\+bd* ــ مىكاھ پەيغەمبەر سامارىيەدىكىلەرگە ئىنتايىن كۆيۈنگىنى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا كەلگۈسى ئاپەتنى كۆرسىتىدغان «رەسىم بولۇش» ئۈچۈن، خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تېزلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئالدىدا يالىڭاچ (بەلكىم «يېرىم يالىڭاچ») يۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:8 \xt ئايۇپ 30‏:29\x* \m \v 9 چۈنكى ئۇنىڭ يارىلىرى داۋالىغۇسىزدۇر، \m ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، \m خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغىچە يامرىدى.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ،...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» ئاپەت ياكى «سامارىيەنىڭ يارىلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ (ئاپەت) ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، ... يېرۇسالېمغىچە يامرىدى»\+bd* ــ 10-16-ئايەتلەردە مىكاھ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يەھۇدانى ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەردىكى 11 شەھەرنىڭ ھەربىرى پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى «مورەشەت»تىن كۆپ دېگەندە 9 كىلومېتر يىراقلىقتا بولۇپ، «مورەشەت»تە تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى. مىكاھ ھەربىر شەھەرنىڭ ناملىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۇنىڭغا ماسلاشقان سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلىگەن. دەرۋەقە ھەربىر شەھەر ئاخىرىدا ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.\f* \m \v 10 بۇ \add ئاپەتنى\add* گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، \m قەتئىي يىغلىماڭلار؛ \m بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار!\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «بۇ ئاپەتنى گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار»\+bd* ــ «گات» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «يىغا»غا يېقىن. \+bd «بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار!»\+bd* ــ «بەيت-لە-ئافراھ» «توپا-چاڭلىق يۇرت» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 1:10 \xt 2سام. 1‏:20؛ يەر. 6‏:26\x* \m \v 11 ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە \add ئەسىرلىككە\add* ئۆت؛ \m زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس؛ \m بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ \m «\add خۇدا\add* سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!»\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە ئەسىرلىككە ئۆت»\+bd* ــ «سافىر»نىڭ مەنىسى «گۈزەللىك»، «يېقىملىق». \+bd «خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!». \+bd «زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس»\+bd* ــ «زائانان»نىڭ تەلەپپۇزى «چىقىش» دېگەن سۆزگە يېقىن. \+bd «بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!»\+bd* ــ «بەيت-ئېزەل» دېگەن «ئېلىپ كېتىش»كە يىقىن ئاھاڭدا. \fp ئايەتتىكى ئىككىنچى قىسىمنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار بەيت-ئېزەلنىڭ ئاھ-زارلىرىغا چىققان ئەمەس؛ سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ».\f*  \x + \xo 1:11 \xt يەش. 47‏:3\x* \m \v 12 ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ؛ \m بىراق يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى.\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ»\+bd* ــ «ماروت» دېگەننىڭ مەنىسى «ئاچچىق» ــ ئۇلار «يامانلىق»نىڭ ئاچچىقلىقىنى تېتىيدۇ. \+bd «...يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى»\+bd* ــ سەنناخېرىب يەھۇدادىكى نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلالماي دەرۋازىسى ئالدىغا توختاپ قالدى. ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى.\f*  \x + \xo 1:12 \xt ئام. 3‏:6\x* \m \v 13 تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز؛ \m (لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!) \m چۈنكى سەندە ئىسرائىلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تېپىلىدۇ.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «لاقىش»نىڭ تەلەپپۇزى «ئات»قا يېقىن. لاقىش شۇ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك شەھەر؛ ئاتقا تايىنىشنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ. خۇدا ئىسرائىلغا «ئاتقا تايىنىش»نى قەتئىي مەنئى قىلغانىدى («قان.» 17-باب). ئۇلارنىڭ ئاتلارغا تايىنىشى بەلكىم يەھۇداغا سەلبىي ئۈلگە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. \+bd «لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!»\+bd* ــ لاقىش شەھىرى يەھۇدادا بولغىنى بىلەن بىرىنچى بولۇپ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ تۇنجى بۇتپەرەس پادىشاھى يەروبوئام (I)نىڭ رەزىللىكىنىڭ تەسىرنى قوبۇل قىلغان بولسا كېرەك. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 شۇڭا سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن؛ \m ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن»\+bd* ــ «مورەشەت-گات» دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزى «مىراسنى ئېلىش» ياكى «مىراستىن مەھرۇم بولۇش» (ئىبرانىي تىلىدا «مورەش»، ئەرەب تىلىدا «مىراس»). ئۇلار ئۆز «مىراس»ىدىن ئايرىلىدى، مىراسىغا «ئەلۋىدا» دېيىشى كېرەك. \+bd «ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ»\+bd* ــ «ئاقزىب»نىڭ مەنىسى «ئالدامچىلىق»، يەھۇدا پادىشاھلىقىغا جايلاشقان. يەھۇدا پادىشاھلىرى (شۇنداقلا ئىسرائىل پادىشاھلىرى) ئاقزىب شەھىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن كۆپ پايدا كۆرگەنىدى («1تار.» 21:4-23). دۈشمەن قوشۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، سامارىيە پادىشاھلىرى جىددىي ھاجەتكە چۈشكەندە، ئاقزىبتىكىلەر ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك سودا-سېتىق قىلىپ كېرەكلىك تەمىناتلارنى ئەۋەتەلمەي، ئۇلارغا «يالغانچى» بولۇپ قالىدۇ.\f* \m \v 15 مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز؛ \m ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مارەشاھ» ۋە «مىراسخور» يېقىن سۆز. «مىراسخور» ئەلۋەتتە كىنايىلىك گەپ، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ»\+bd* ــ «ئادۇللام» ئەسلىدە داۋۇت پەيغەمبەر (يىگىت ۋاقتىدا) سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، كىرىۋالغان غار ئىدى. دېمەك، ئىسرائىل، جۈملىدىن ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە «شان-شەرىپى» بولغان بۇتلار يەنە قېچىشى كېرەك. بىراق بۇ سۆزنىڭ ئىچىدىكى مەنىسىدە يەنە ئۈمىد بار. داۋۇت پەيغەمبەر «ئادۇللام»دا يوشۇرۇنغاندىن كېيىن، جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئاخىردا ئىسرائىلنىڭ شەرەپلىك پادىشاھى بولۇپ چىققان. ئىسرائىل بەلكىم ئۇنىڭغا ئوخشاش جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شەرەپلىك كۈنلەرنى يەنە كۆرىدۇ. مەزكۇر بېشارەت يەنە مەسىھ («ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى»)نىڭ كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئازابقا چۈشۈشىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.\f* \m \v 16 ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، \m زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ \m قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت، \m چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈن بولۇشقا كەتتى. \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت،...»\+bd* ــ چاچلارنى چۈشۈرۈش ماتەمنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.\f* \b \b \m \c 2 \s1 جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە چۈشىدىغان جازا \m \v 1 ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي! \m پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛ \m \v 2 ئۇلارنىڭ ئاچكۆز كۆزى ئېتىزلارغا چۈشسىلا، ئۇلار زوراۋانلىق قىلىپ بۇلىۋالىدۇ؛ \m ئۆيلەرگىمۇ قىزىقىپلا قالسا، بۇلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلار باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى بىلەن بۇلايدۇ، \m ئادەمنى ئۆز مىراسلىرى بىلەن قوشۇپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «.. باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى»\+bd* ــ ياكى «... باتۇر كىشىنىمۇ ئۆيى».\f*  \x + \xo 2:2 \xt يەش. 5‏:8\x* \m \v 3 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مانا، مەن بۇ ئائىلىگە قاراپ، بويۇنلىرىڭلاردىن چىقىرالمايدىغان يامان بىر \add بويۇنتۇرۇرقنى\add* ئويلاپ تەييارلىۋاتىمەن؛ \m سىلەر ئەمدى گىدىيىپ ماڭمايسىلەر؛ \m چۈنكى شۇ كۈنلەر يامان كۈنلەر بولىدۇ.\x + \xo 2:3 \xt ئام. 5‏:13\x* \m \v 4 شۇ كۈنى ئۇلار سىلەر توغراڭلاردا تەمسىلنى تىلغا ئېلىپ، \m ئېچىنىشلىق بىر زار بىلەن زارلايدۇ: ــ \m «بىز پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق!؛ \m ئۇ خەلقىمنىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلارغا بۆلۈۋەتتى؛ \m ئۇنى مەندىن شۇنچە دەھشەتلىك مەھرۇم قىلدى! \m ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى!\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «ئۇ (پەرۋەردىگار) ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى!»\+bd* ــ «مۇناپىق» بەلكىم ئۆز ئەھدىسىدە ھېچ تۇرمايدىغان ئاسۇرىيە پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىدىن، \m سىلەردە چەك تاشلاپ زېمىن ئۈستىگە تانا تارتىپ نېسىۋە بۆلگۈچىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ.\x + \xo 2:5 \xt قان. 32‏:8، 9\x* \b \m \s1 ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن رەنجىشى \m \v 6 ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! \m ئەگەر \add پەيغەمبەرلەر\add* بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ!\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! ئەگەر پەيغەمبەرلەر بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ!»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «بېشارەت بېرىش» دېگەن پېئىلنىڭ يەنە بىر تەرجىمىسى: «شال چېچىش» (كىنايىلىك گەپ). \fp باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى؛ (1) «بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمەسلىك كېرەك!» (ئۇلار دەيدۇ) «ئەمدى ئار-نومۇس (بىزدىن) ھەرگىز كەتمەيدۇ!» (مىكاھ دەيدۇ)؛ (2) «دەرۋەقە ئۇلار (پەيغەمبەرلەر) بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىشكە توختايدۇ! ئەمدى ئار-نومۇس بىزدىن كەتمەيدۇ!».\f*  \x + \xo 2:6 \xt يەش. 30‏:10؛ ئام. 7‏:16\x* \m \v 7 ئى ياقۇپ جەمەتى، \m «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ \m بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟ \m مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟ \f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟»\+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىل (شۈبۇھىسىزكى، ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى بىلەن): «خۇدا بىزنى سۆيىدۇ، بىز خۇدانىڭ ئالاھىدە خەلقى، ئۇ بىزگە ھەرگىز يامانلىقنى يەتكۈزمەيدۇ» ــ دەۋېرىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى «ياقۇپ جەمەتى» دەپ ئاتالغۇچى، پەرۋەردىگار سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇلار (بۇ يامان ئىشلار) ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟».\f* \m \v 8 بىراق تۈنۈگۈنلا مېنىڭ خەلقىم ھەتتا دۈشمەندەك ئورنىدىن قوزغالدى؛ \m سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، \m ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك \add كىيىمسىز\add* قالدۇرىسىلەر.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «... سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك كىيىمسىز قالدۇرىسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇددى ئۇرۇشتىن قايتىۋاتقانلاردىن ئالغاندەك سىلەر ئۇلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئېلىپ بۇلىسىلەر» (ئۇرۇشتىن قايتقانلار بولسا خاتىرجەملىكتە ماڭىدۇ، ئەلۋەتتە).\f* \m \v 9 خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛ \m ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىم»\+bd* ــ (ياكى «مېنىڭ زىبۇزىننىتىمدىن») ــ بەلكىم قانائان زېمىنىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 10 ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نېرى كېتىڭلار؛ \m چۈنكى ھالاكەتنى، \m يەنى ئازابلىق بىر ھالاكەتنى كەلتۈرىدىغان ناپاكلىق تۈپەيلىدىن، \m بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئارامگاھ بولمايدۇ. \m \v 11 ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ: ــ \m «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» ــ دېسە، \m مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ!\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىرسى «شاراب ھەم ھاراقنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بېرىمەن» دېسە، ئۇ مۇشۇ خەلققە تازا مۇۋاپىق بىر پەيغەمبەر بولىدۇ».\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى»غا بولغان ۋەدىسى \m \v 12 مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛ \m مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛ \m مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك، \m ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ \m ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى»نى دۈشمەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، دەپ قارايدۇ. بىراق بىر پادا قويلار جەم قىلىنغىنىدا، بەرىبىر چوڭ «ۋاراڭ-چۇرۇڭ» كۆتۈرىلىدۇ.\f* \m \v 13 بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ \m ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ \m ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، \m يەنى قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ \m ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، \m پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، ... ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئۇلۇغ بېشارەت خۇدانىڭ يەھۇدانى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە بېشارەت يەنە ئىككى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. \fp «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز ئۇ توغرۇلۇق يەنە ئازراق شەرھلەيمىز.\f*  \x + \xo 2:13 \xt يەش. 32‏:4-5؛ 52‏:12؛ ھوش. 1‏:11؛ زەك. 12‏:8؛ مات. 3‏:5؛ 11‏:11-14؛ يـۇھ. 10‏:2-4\x* \b \b \m \c 3 \s1 بېشارەتلەر 2-قاتار •••• يېتەكچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! \m \v 1 مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، \m ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! \m ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ... »\+bd* ــ 1-4-ئايەتتە سۆزلىگۈچى بەلكىم پەيغەمبەر ئۆزى. \fp «ياقۇپ» ۋە «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئىككى پادىشاھلىقنى تەڭ كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئايەتكە قارىغاندا، چىرىكلىشىش مەملىكەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنلىرىغا ۋە سوتخانىلىرىغا سىڭىپ كىرگەنىدى؛ بىراق ئۇ پادىشاھى ھەزەكىيانى تىلغا ئالمايدۇ؛ ھەزەكىيا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆزى مۇشۇ گۇناھلاردىن خالىي بولغان.\f* \m \v 2‏-3 ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى، \m يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ \m سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى، \m ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان، \m ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، \m تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان، \m ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان، \m ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك، \m داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر! \m \v 4 بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، \m بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، \m ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!». \b \m \s1 ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! \m \v 5 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ \m (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، \m «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، \m كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، \m شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!)\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىمەركىم ئۇلارنىڭ ئاغزىغا بىر نەرسە سالمىسا،..».\f*  \x + \xo 3:5 \xt مىك. 2‏:11\x* \m \v 6 ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، \m پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ \m پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، \m كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛\x + \xo 3:6 \xt يەر. 15‏:9؛ يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ ئام. 8‏:9\x* \m \v 7 «ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، \m پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ \m چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ...»\+bd* ــ كالپۇكلارنى توسۇش ئادەتتە خىجىللىقنى بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۇقەددەس قانۇن بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل بولغان ئادەملەر ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كالپۇكلىرىنى توسۇپ «ناپاك، ناپاك!» دەپ ۋارقىرىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئايەت بۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ناپاك سۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 8 بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن، \m ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى، \m ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن، \m توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن. \m \v 9 بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، \m ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! \m ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، \m بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار،\x + \xo 3:9 \xt ئام. 5‏:7؛ 6‏:12\x* \m \v 10 زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، \m يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار!\f □ \fr 3:10 \ft \+bd «زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار!»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، يېرۇسالېمدا نۇرغۇن ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر پەيدا بولغانىدى. بىراق ھەممىسى ئادالەتسىزلىككە تايىنىپ ياسالغان.\f*  \x + \xo 3:10 \xt ئ‍ەز. 22‏:27؛ زەف. 3‏:3\x* \m \v 11 \add زىئوننىڭ\add* ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، \m كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ \m «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ \m بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، \m ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ \m بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd ««پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛...»\+bd* ــ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەرگىز پالچىلىق ئىشلىرىنى قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھەقىقىي پەيغەمبەرلەرنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن «پالچىلىق»نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ پەرقلەر توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 12 شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، \m يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ، \m «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس.\f □ \fr 3:12 \ft \+bd ««ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس»\+bd* ــ مىكاھ ئۆز دەۋرىدىكى «مۇقەددەس ئۆي» ياكى «ئىبادەتخانا» دېمەيدۇ ــ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇ پەقەت ئاددىي بىر «ئۆي» بولۇپ قالدى. \fp بۇ ئايەتتىكى بېشارەت بەلكىم ھەزەكىيا پادىشاھنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. يۈز يىلدىن كېيىن ئوردىدىكى ئەمىرلەر بېشارەتنىڭ ھەزەكىياغا بولغان تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆز پادىشاھى يەھوئاكىمغا بېشارەتنى نەقىل كەلتۈرىدۇ («زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ»)، شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان (تەۋرات، «يەرەمىيا» 26-باب). \fp «يۇقىرى جايلار» دېگىنى كىنايىلىك گەپتۇر. چۈنكى يەھۇدادىكىلەر ھەردائىم «يۇقىرى جايلار»دا بۇتخانىلارنى سېلىپ شۇ يەردە بۇتلارغا چوقۇنغان. لېكىن شۇ چاغلاردا يېرۇسالېم بۇتقا چوقۇنغان جايدەك «ھارام» بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ئورمانلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئاز-پاز چېلىقىدىغان بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس!\f*  \x + \xo 3:12 \xt مىك. 3‏:12\x* \b \b \m \c 4 \s1 ئاخىرقى زامانلاردىكى يېرۇسالېم \m \v 1 بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، \m ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «ئاخىرقى زاماندا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا». \+bd «بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا \+bd*\+bdit پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە\+bdit* قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ» ــ تەۋرات ھەم زەبۇردا «(يات) ئەللەر» ھەم «خەلقلەر» بولسا ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. «مىكاھ» دېگەن كىتابتا «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 4:1 \xt يەش. 2‏:2-5\x* \m \v 2 نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ \m «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، \m ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛ \m ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، \m ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. \m چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، \m پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. \m \v 3 ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، \m ئۇ كۈچلۈك ئەللەر، يىراقتا تۇرغان ئەللەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ \m بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، \m نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ \m بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، \m ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ؛\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «... ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ... ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ»\+bd* ــ يەشايا پەيغەمبەر ئۆز كىتابىدا مۇشۇ ئايەتلەرنى (1-3نى) نەقىل كەلتۈرىدۇ («يەش.»، 2:4).\f* \m \v 4 بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، \m ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛ \m چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ كۆچمە مەنىسى بەلكىم ھەر كىشى ھەر ئادەم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئاچكۆزلۈك قىلمايدۇ، دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 4:4 \xt 1پاد. 5‏:5\x* \m \v 5 بارلىق خەلقلەر ئۆز «ئىلاھ»ىنىڭ نامىدا ماڭسىمۇ، \m بىراق بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئەبەدىلئەبەدگىچە ماڭىمىز. \m \v 6 شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى، \m ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن؛\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى، ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن»\+bd* ــ «مېيىپ بولغۇچى»، «ھەيدىۋېتىلگەنلەر» ۋە «ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەر» دېگەن سۆز ئايالچە رودتىكى ئىسىملاردۇر؛ شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسرائىلنىڭ پاناھسىز ئاجىز قىزدەك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مېيىپ بولغۇچى» دېگەن سۆز بەلكىم ھەزرىتى ياقۇپ پەلەستىنگە قايتقان چاغنى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ جاھىللىقىنى بىر تەرەپ قىلىپ مېيىپ قىلغاندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ئەسكە كەلتۈرىدۇ («يار.» 32-باب).\f*  \x + \xo 4:6 \xt قان. 30‏:3، 4، 5\x* \m \v 7 ۋە مېيىپ بولغۇچىنى بىر «قالدى»، \m ھەيدىۋېتىلگەننى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، \m شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھازىردىن باشلاپ مەڭگۈگىچە».\f*  \x + \xo 4:7 \xt دان. 7‏:14؛ زەف. 3‏:19؛ لۇقا 1‏:33\x* \m \v 8 ۋە سەن، ئى پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار، \m ــ زىئون قىزىنىڭ ئېگىزلىكى، \add پادىشاھلىق\add* ساڭا كېلىدۇ: ــ \m ــ بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛ \m پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار»\+bd* ــ بەلكىم يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن پۈتكۈل ئىسرائىل («خۇدانىڭ پادىسى»)نىڭ ئۈستىگە كۈزەتچى، باققۇچى بولۇش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. \+bd «بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛ پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىل يەنە پادىشاھلىق بولىدۇ، بىراق پادىشاھ خۇدا ئۆزى (مەسىھ ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا) بولىدۇ (7-ئايەت).\f* \b \m \s1 شەرەپتىن ئىلگىرى بولغان ئازاب \m \v 9 ئەمدى سەن ھازىر نېمىشقا نىدا قىلىپ نالە كۆتۈرىسەن؟ \m سەندە پادىشاھ يوقمىدى؟ \m سېنىڭ مۇشاۋىرىڭمۇ ھالاك بولغانمىدى، \m ئايالنى تولغاق تۇتقاندەك ئازابلار سېنى تۇتۇۋالغانمىدى؟\x + \xo 4:9 \xt يەر. 8‏:19\x* \m \v 10 ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛ \m چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن، \m ھازىر دالادا تۇرىسەن، \m سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن. \m سەن ئاشۇ يەردە قۇتقۇزۇلىسەن؛ \m ئاشۇ يەردە پەرۋەردىگار ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزىدۇ.\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن، ھازىر دالادا تۇرىسەن، سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن»\+bd* ــ ئىسرائىل ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئاندىن بابىل (ئاندىن كېيىن يەنە گرېك ۋە رىم ئىمېرىيەسى) تەرىپىدىن ئازاب تارتىدۇ. مىكاھ ئۇلارغا: بۇ ئازابلارنى خۇدادىن كەلگەن «تولغاق ئازابلىرى» دەپ بىلگەن بولساڭلار، ئەمدى ھەقىقىي پادىشاھ ۋە مۇشاۋىر (9-ئايەت) ئاراڭلاردىن تۇغۇلۇشى كېرەك، دەيدۇ. دەرۋەقە مەسىھ ئەيسا ئۇلار رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئازاب تارتقاندا تۇغۇلدى.\f* \m \v 11 ۋە ھازىر نۇرغۇن ئەللەر: ــ «ئۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىپ بۇلغانسۇن! \m كۆزىمىز زىئوننىڭ \add ئىزاسىنى\add* كۆرسۈن!» ــ دەپ ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ؛ \m \v 12 بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلمەيدۇ، \m ئۇنىڭ نىشانىنى چۈشەنمەيدۇ؛ \m چۈنكى ئۆنچىلەرنى خامانغا يىغقاندەك ئۇ ئۇلارنى يىغىپ قويدى.\x + \xo 4:12 \xt يەر. 51‏:33\x* \m \v 13 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى، \m چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛ \m نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن؛ \m مەن ئۇلارنىڭ غەنىمىتىنى پەرۋەردىگارغا، \m ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئىگىسىگە بېغىشلايمەن.\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى، چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛ نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن...»\+bd* ــ 11-13-ئايەتتىكى ئىشلار ئىسرائىل بابىلدىن قۇتقۇزۇلۇپ (10-ئايەت) قانائانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈز بېرىشى كېرەك. ۋەھىي مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3- ۋە 2-ئەسىردە «ماككابىيلار» دەۋرىدە قىسمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى بىلەن، تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئاخىرقى زامانلاردا بولۇش كېرەك.\f*  \x + \xo 4:13 \xt زەك. 4‏:14؛ 6‏:5\x* \b \b \m \c 5 \s1 ئازابلىق كۈنلەردە مەسىھ تۇغۇلىدۇ ۋە ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدۇ \m \v 1 ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ \m چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ \m ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كېسىپ تىلەڭلار!» (دېمەك، قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن). \+bd «... قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى»\+bd* ــ «قوشۇن قىزى» دېگەن سىرلىق سۆز يېرۇسالېمدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈرۈشى مۇمكىن. \+bd «چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ «مۇھاسىرە» بەلكىم ئىككى مۇھاسىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن: (1) ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يېرۇسالېمغا بولغان مۇھاسىرىسى؛ شۇ چاغدا بىرسى ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ «مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرغان»مىكىن؟ (2) ئاخىرقى زاماندىكى «نۇرغۇن ئەللەر»نىڭ مۇھاسىرىسى (11:4-13نى كۆرۈڭ). بۇ ئىككى تەھلىل توغرا بولسا ئايەتنىڭ ئىككىنچى جۈملىسىدىكى «ئۇ»: (1) ئاسۇرىيە پادىشاھىنى ۋە كېيىن: (2) ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 (سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان \add شەھەر-يېزىلار\add* ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، \m سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ \m ئۇنىڭ \add ھۇزۇرۇمدىن\add* چىقىشلىرى قەدىمدىن، \m يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى)\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «\+bd*\+bdit سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان شەھەر-يېزىلار ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ-كىرىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى\+bdit*» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ مەسىھ ئەيسانى كۆرسىتىدۇ. ئۇ: (1) «بەيت-لەھەم» دېگەن كىچىك يېزىدا تۇغۇلغان؛ (2) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ خۇدانىڭ «كالامى» بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەممە مەۋجۇداتلارنى ياراتقانىدى («يـۇھ.» 1:1-4)، مەسىھ ئۇنىڭ يېنىدىن «ئەزەلدىن تارتىپ» خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بەجا كەلتۈرۈشكە چىقىپ-كىرىپ تۇرغانىدى.\f*  \x + \xo 5:2 \xt مات. 2‏:6؛ يـۇھ. 7‏:42؛ يار.3‏:8؛ 7‏:12؛ 14‏:18؛ 16‏:7؛ مىس.3‏:4؛ يـۇھ. 13‏:3\x* \m \v 3 شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، \m ئۇ ئۇلارنى \add دۈشمەنلىرىگە\add* تاشلاپ قويىدۇ؛ \m شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ قويىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنى تاشلاپ قويىدۇ». \+bd «شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى (دۈشمەنلىرىگە) تاشلاپ قويىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، بېشارەت بويىچە «مەسىھ» تۇغۇلغۇچە خۇدا ئىسرائىلنى يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇلار باشقا ئەللەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇلار جاپا ۋە ئازاب تارتىدۇ. \+bd «شۇ چاغدا ئۇنىڭ (مەسىھنىڭ) قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ ئايەتكە قارىغاندا مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى خۇداغا سادىق بولغان بىر «قالدىسى»، يەنى «ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى» پەلەستىن زېمىنىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن باغلىق؛ تارىختىن بىلىمىزكى، خۇدانىڭ «قالدىسى»نىڭ «قايتىپ كېلىش»ى مەسىھ تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520يىلى).\f* \m \v 4 ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، \m پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ \m شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ. \m \v 5 ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ \m ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، \m ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، \m بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، \m سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛\x + \xo 5:5 \xt يەش. 9‏:5\x* \m \v 6 ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، \m نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛ \m ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، \m چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، \m ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ»\+bd* ــ «نىمرود» بولسا بابىل شەھىرىنىڭ ئاساسچىسى ئىدى. \+bd «ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ»\+bd* ــ ئاخىرقى زاماندا مەسىھ ئىسرائىلنى (ئۇلار توۋا قىلغاندىن كېيىن) بارلىق دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.\f* \m \v 7 ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، \m چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ \m بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، \m ئادەم بالىلىرىنىڭ \add ئەجرىنى\add* كۈتۈپ تۇرمايدۇ.\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى ۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئوخشىتىشنىڭ ئاساسىي مەنىسى: «ئادەملەرنىڭ ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتلىرى شەبنەم ۋە يامغۇرغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئۇلار چۈشۈشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۈتمەيدۇ. شەبنەم ۋە يامغۇر بەرىبىر پەقەت خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چۈشىدۇ»؛ كەلگۈسىدە خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن ياقۇپ جەمەتىنى دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنى (ئۇلار ھېچ ئىش-پائالىيەتلەرنى قىلمايلا) ئويغىتىدىغان ۋە يېڭىلايدىغان بىر بەرىكەت قىلىدۇ.\f* \m \v 8 ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا، \m يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ، \m قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛ \m شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، \m ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، \m تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ.\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە «ئورماندىكى ھايۋانلار» ۋە «قوي پادلىرى»نى (دېمەك، يات ئەللەرنى) كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 9 قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ، \m بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \m \v 10 شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، \m جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن.\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن»\+bd* ــ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان پەرمانلىرى بويىچە، ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. خۇدانىڭ مەقسىتى شۈبھىسىزكى، ئۆز خەلقىنىڭ ئاتلارغا، ھارۋىلارغا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۆزىگىلا تايىنىشىدىن ئىبارەتتۇر («قان.» 16:17، «زەب.» 7:20، «يەش.» 1:31نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 5:10 \xt ھوش. 14‏:4\x* \m \v 11 زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، \m بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن»\+bd* ــ خۇدانىڭ بۇ ئىشتا بولغان مەقسىتى بارلىق ئاتلارنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك ــ ئىسرائىلنى پەقەت ئۆزىگىلا تاياندۇرۇشتۇر.\f* \m \v 12 سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ \m سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ. \m \v 13 مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى، \m «بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ \m سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن. \m \v 14 ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن، \m ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛ \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن»\+bd* ــ «ئاشېراھ»لار بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەر ئىدى. دەرەخلەر بۇت شەكلىگە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. \+bd «ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن»\+bd* ــ «شەھەرلىرىڭ»نىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قانلىق قۇربانگاھلىرىڭ».\f* \m \v 15 ۋە \add ماڭا\add* قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن. \b \b \m \c 6 \s1 بېشارەتلەر 3-قاتار •••• خۇدانىڭ دەۋاسى \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ھازىر ئاڭلاڭلار: ــ \m «ئورنۇڭدىن تۇر، تاغلار ئالدىدا دەۋايىڭنى بايان قىل، \m ئېگىزلىكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقىن».\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «ئورنۇڭدىن تۇر، تاغلار ئالدىدا دەۋايىڭنى بايان قىل، ئېگىزلىكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقىن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر مىكاھنىڭ ئۆزىگە (ئىسرائىللار ئاڭلىسۇن دەپ) ئېيتىلغان. قەدىمكى تاغلار ۋە دۆڭ-ئېگىزلىكلەر مۇشۇ دەۋادا خۇدانىڭ ۋەدىلىرىدە تۇرغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ («قان.» 26:4، «يەش.» 2:1نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 2 «ئى تاغلار، \m ۋە سىلەر، يەر-زېمىننىڭ ئۆزگەرمەس ئۇللىرى، \m پەرۋەردىگارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاڭلار؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىر دەۋاسى بار، \m ئۇ ئىسرائىل بىلەن مۇنازىلىشىپ ئەيىبىنى كۆرسەتمەكچى؛\x + \xo 6:2 \xt ھوش. 4‏:1\x* \m \v 3 ئى خەلقىم، مەن ساڭا زادى نېمە قىلدىم؟ \m سېنى نېمە ئىشتا بىزار قىلىپتىمەن؟ \m مېنىڭ خاتالىقىم توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىشكىن! \m \v 4 چۈنكى مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقاردىم، \m سېنى قۇللۇق ماكانىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇم؛ \m ئالدىڭدا يېتەكلەشكە مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى ئەۋەتتىم.\x + \xo 6:4 \xt مىس. 12‏:51؛ 14‏:30؛ 20‏:2\x* \m \v 5 ئى خەلقىم، پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىيلىقلىرىنى بىلىپ يېتىشىڭلار ئۈچۈن، \m موئاب پادىشاھى بالاكنىڭ قانداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، \m بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى، \m شىتتىمدىن گىلگالغىچە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ھازىر ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «ئى خەلقىم... موئاب پادىشاھى بالاكنىڭ قانداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى، شىتتىمدىن گىلگالغىچە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ھازىر ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار»\+bd* ــ خۇدا شىتتىمدە ئىسرائىللارنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى جازالىغان، ئاندىن ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغان؛ ئۇ گىلگالدا مۆجىزە يارىتىپ، ئۇلارنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۆزگەن. ئەمدى ھازىر ئوخشاش ئىشلار بولمامدۇ ــ ئۇلار خالىسىلا، بۇتپەرەسلىكتىن توۋا قىلىپ، خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرۈدىغان بولىدۇ. تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر «چۆل.» 24-، 25-باب، ۋە «يەشۇئا» 1-5-بابلاردا خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 6:5 \xt چۆل. 22‏:5؛ 23‏:7؛ 25؛ يە. 5\x* \b \m \v 6 ــ مەن ئەمدى نېمىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگار ئالدىغا كېلىمەن؟ \m نېمەم بىلەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ ئالدىدا ئېگىلىمەن؟ \m ئۇنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، \m بىر يىللىق موزايلارنى ئېلىپ كېلەمدىم؟ \m \v 7 پەرۋەردىگار مىڭلىغان قوچقارلاردىن، \m تۈمەنلىگەن زەيتۇن مېيى دەريالىرىدىن ھۇزۇر ئالامدۇ؟ \m ئىتائەتسىزلىكىم ئۈچۈن تۇنجى بالامنى، \m تېنىمنىڭ پۇشتىنى جېنىمنىڭ گۇناھىغا ئاتامدىمەن!؟\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «تېنىمنىڭ پۇشتىنى جېنىمنىڭ گۇناھىغا ئاتامدىمەن!؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تېنىمنىڭ مېۋىسىنى جېنىمنىڭ گۇناھىغا ئاتامدىمەن!؟».\f* \m \v 8 ئى ئىنسان، ئۇ ساڭا نېمە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، \m بەرھەق، پەرۋەردىگار سەندىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ــ \m ئادالەتنى يۈرگۈزۈش، \m مېھرىبانلىقنى سۆيۈش، \m سېنىڭ خۇدايىڭ بىلەن بىللە كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشىڭ بولسۇن؟\x + \xo 6:8 \xt قان. 10‏:12\x* \b \m \s1 دەۋانىڭ داۋامى، ھۆكۈم چىقىرىش \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى شەھەرگە خىتاب قىلىپ چاقىرىدۇ؛ \m (پەم-دانالىق بولسا نامىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ!) \m ئەمدى ھۆكۈم پالىقىنى ۋە ئۇنى بېكىتكىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ \f □ \fr 6:9 \ft \+bd «ئەمدى ھۆكۈم پالىقىنى ۋە ئۇنى بېكىتكىنىنى ئاڭلاڭلار!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى ئى قەبىلە ۋە شەھەر جامائىتى، ئاڭلاڭلار!».\f* \m \v 10 رەزىل ئادەمنىڭ ئۆيىدە رەزىللىكتىن ئالغان بايلىقلار يەنە بارمىدۇ؟ \m كەم ئۆلچەيدىغان يىرگىنچلىك ئۆلچەم يەنە بارمىدۇ؟\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «رەزىل ئادەمنىڭ ئۆيىدە رەزىللىكتىن ئالغان بايلىقلار يەنە بارمىدۇ؟ كەم ئۆلچەيدىغان يىرگىنچلىك ئۆلچەم يەنە بارمىدۇ؟...»\+bd* ــ 10-15-ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن ئىسرائىلنىڭ قىلمىشلىرى يۇقىرىقى 8-ئايەتتىكى سۆزنىڭ ئەكسى بولىدۇ (ئادالەتنى يۈرگۈزۈش، مېھرىبانلىقنى سۆيۈش، كەمتەرلەرچە خۇدا بىلەن بىللە مېڭىش). مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆلچەم» ئىبرانىي تىلىدا «ئەفاھ» بولىدۇ.\f* \m \v 11 بىئادىل تارازا بىلەن، \m بىر خالتا ساختا تارازا تاشلىرى بىلەن پاك بولالامدىم؟\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «بىئادىل تارازا بىلەن، بىر خالتا ساختا تارازا تاشلىرى بىلەن پاك بولالامدىم؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىئادىل تارازىنى، بىر خالتا ساختا تارازا تاشلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان ئادەملەرنى پاك ھېسابلىيالامدىم؟».\f*  \x + \xo 6:11 \xt ھوش. 12‏:8\x* \m \v 12 چۈنكى شەھەرنىڭ بايلىرى زوراۋانلىق بىلەن تولغان، \m ئۇنىڭ ئاھالىسى يالغان گەپ قىلىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى تىلى ئالدامچىدۇر. \x + \xo 6:12 \xt يەر. 9‏:7\x* \m \v 13 شۇڭا مەن سېنى ئۇرۇپ كېسەل قىلىمەن، \m گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن سېنى خارابە قىلىمەن. \m \v 14 يەيسەن، بىراق تويۇنمايسەن، \m ئوتتۇراڭدا ئاچ-بوشلۇق قالىدۇ، \m سەن مۈلكۈڭنى ئېلىپ يۆتكىمەكچى بولىسەن، \m بىراق ساقلىيالمايسەن؛ \m ساقلاپ قالدۇرغىنىڭ بولسىمۇ، ئۇنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن.\f □ \fr 6:14 \ft \+bd «يەيسەن، بىراق تويۇنمايسەن، ئوتتۇراڭدا ئاچ-بوشلۇق قالىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ ئىبارە تولغاق كېسىلى «دىزېنتېرىيە»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. \+bd «سەن مۈلكۈڭنى ئېلىپ يۆتكىمەكچى بولىسەن، بىراق ساقلىيالمايسەن؛ ساقلاپ قالدۇرغىنىڭ بولسىمۇ، ئۇنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن تولغاققا كېلىسەن، بىراق بالىنى تۇغمايسەن؛ تۇغساڭمۇ، بالاڭنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن».\f*  \x + \xo 6:14 \xt ھوش. 4‏:10\x* \m \v 15 تېرىيسەن، بىراق ھوسۇل ئالمايسەن؛ \m زەيتۇنلارنى چەيلەيسەن، بىراق ئۆزۈڭنى مېيىنى سۈرتۈپ مەسىھ قىلالمايسەن، \m يېڭى شارابنى چەيلەپ چىقىرىسەن، \m بىراق شاراب ئىچەلمەيسەن.\x + \xo 6:15 \xt قان. 28‏:38؛ ھاگ. 1‏:6\x* \m \v 16 چۈنكى «ئومرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى»نى، \m «ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەر قىلغانلىرى»نى تۇتىسەن؛ \m سەن ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىدە ماڭىسەن، \m شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى خارابە، \m سەندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىسقىرتىش ئوبيېكتى قىلىمەن؛ \m سەن خەلقىمدىكى شەرمەندىچىلىكنى كۆتۈرىسەن.\f □ \fr 6:16 \ft \+bd «چۈنكى «ئومرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى»نى، «ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەر قىلغانلىرى»نى تۇتىسەن»\+bd* ــ ئومرى ئىسرائىلنىڭ ئىنتايىن رەزىل پادىشاھى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بۇتلارنى ياساپ، ئىسرائىلنى بۇلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇغان. ئاھاب ئۇنىڭدىن تېخىمۇ رەزىللىككە ئۆتۈپ، بۇتپەرەسلىككە پاھىشىۋازلىق، «ئىنسان قۇربانلىقى»، پۇقرالارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە قاتىللىقنى قوشقانىدى. («1پاد.» 16-22-بابلارنى كۆرۈڭ). \+bd «سەندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىسقىرتىش ئوبيېكتى قىلىمەن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئىسقىرتىش» مازاق قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 6:16 \xt 1پاد. 16‏:25 ،26، 30-34\x* \b \b \m \c 7 \s1 پەيغەمبەرنىڭ ئازابلىنىشلىرى \m \v 1 مېنىڭ ھالىمغا ۋاي! چۈنكى مەن خۇددى يازدىكى مېۋىلەر يىغىلىپ، \m ئۈزۈم ھوسۇلىدىن كېيىنكى ۋاساڭدىن كېيىن ئاچ قالغان بىرسىگە ئوخشايمەن، \m يېگۈدەك ساپاق يوقتۇر؛ \m جېنىم تەشنا بولغان تۇنجى ئەنجۈر يوقتۇر! \m \v 2 ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى، \m ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا، \m ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ.\x + \xo 7:2 \xt زەب. 12‏:1-2؛ ھوش. 4‏:1\x* \m \v 3 رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، \m ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ \m ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، \m سوراقچىمۇ شۇنداق؛ \m مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ \m ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا.\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ»\+bd* ــ «مۆتىۋەر جاباب» بەلكىم پادىشاھنى ۋاسىتىلىك كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:3 \xt مىك. 2‏:1؛ 3‏:11\x* \m \v 4 ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، \m ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر. \m ئەمدى كۆزەتچىلىرىڭ \add قورقۇپ\add* كۈتكەن كۈن، \m يەنى \add خۇدا\add* ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى؛ \m ئۇلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقتى ھازىر كەلدى.\f □ \fr 7:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر»\+bd* ــ «ئەڭ ئېسىلى» ئادالەتنى بۇرمىلىمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ! \+bd «خۇدا ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ يوقلىنىدىغان كۈنۈڭ» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 5 ئۈلپىتىڭگە ئىشەنمە، \m جان دوستۇڭغا تايانما؛ \m ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى قۇچىقىڭدا ياتقۇچىدىن يېپىپ يۈر. \m \v 6 چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ، \m قىز ئانىسىغا، \m كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛ \m كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ.\x + \xo 7:6 \xt ئ‍ەز. 22‏:7؛ مات. 10‏:21، 35، 36؛ لۇقا 12‏:53\x* \m \v 7 بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛ \m نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛ \m مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ. \b \m \s1 ئاخىرقى زامان توغرۇلۇق ئۈمىد ــ خۇدانىڭ «قالدىسى» سۆز قىلىدۇ \m \v 8 ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛ \m گەرچە مەن يىقىلىپ كەتسەممۇ، يەنە قوپىمەن؛ \m قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرسام، پەرۋەردىگار ماڭا يورۇقلۇق بولىدۇ.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «دۈشمىنىم» ھەم 10-ئايەتتىكى «ئۇ» دېگەنلەر «ئايالچە رود»تا كەلگەن بولغاچقا، بېشارەت يېرۇسالېمنىڭ ئاسۇرىيەگە گەپ قىلغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى دۈشمىنى بابىلغا گەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 9 مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن ــ \m چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ــ \m ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛ \m ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛ \m مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن.\x + \xo 7:9 \xt زەب. 9‏:5-7؛ زەب. 43‏:1-2؛ يەر. 50‏:34\x* \m \v 10 ۋە مېنىڭ دۈشمىنىم بۇنى كۆرىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى» دېگەن ئايالنى شەرمەندىلىك باسىدۇ؛ \m مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ \add مەغلۇبىيىتىنى\add* كۆرىدۇ؛ \m ئۇ كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسەپ چەيلىنىدۇ.\x + \xo 7:10 \xt زەب. 79‏:10؛ 115‏:2؛ يو. 2‏:17\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ جاۋابى \m \v 11 ــ سېنىڭ تام-سېپىللىرىڭ قۇرۇلىدىغان كۈنىدە، \m شۇ كۈنىدە ساڭا بېكىتىلگەن پاسىلىڭ يىراقلارغا يۆتكىلىدۇ. \m \v 12 شۇ كۈنىدە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ؛ \m ــ ئاسۇرىيەدىن، مىسىر شەھەرلىرىدىن، \m مىسىردىن \add ئەفرات\add* دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە ۋە تاغدىن تاغغىچە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ. \m \v 13 بىراق يەر يۈزى بولسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تۈپەيلىدىن، \m يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن خارابە بولىدۇ. \x + \xo 7:13 \xt يەر. 21‏:14\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ «قالدىسى»نىڭ دۇئاسى \m \v 14 ــ ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى، \m تاياق-ھاساڭ بىلەن ئوزۇقلاندۇرغايسەن؛ \m قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك، \m ئۇلار باشان ھەم گىلېئاد چىمەنزارلىرىدا قايتىدىن ئوزۇقلانسۇن!\f □ \fr 7:14 \ft \+bd «...ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادا...»\+bd* ــ «كارمەل» بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ باراقسان، ئەڭ ئېسىل ئورمانلىق رايونى.\f*  \x + \xo 7:14 \xt مىك. 5‏:3\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ جاۋابى \m \v 15 ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك، \m مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن.\x + \xo 7:15 \xt يو. 2‏:26\x* \m \v 16 ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛ \m قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ، \m قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛ \m \v 17 ئۇلار يىلاندەك توپا-چاڭنى يالايدۇ؛ \m يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەردەك ئۆز تۆشۈكلىرىدىن تىترىگەن پېتى چىقىدۇ؛ \m ئۇلار قورقۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، \m ۋە سېنىڭ تۈپەيلىڭدىنمۇ قورقىدۇ.\x + \xo 7:17 \xt زەب. 72‏:9؛ يەش. 49‏:32\x* \m \v 18 قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، \m ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، \m ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، \m چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. \m كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟\f □ \fr 7:18 \ft \+bd «كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟»\+bd* ــ «مىكاھ» دېگەن ئىسىم، ئىبرانىي تىلىدا «كىم خۇداغا تەڭداش؟» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 7:18 \xt مىس. 34‏:6، 7؛ زەب. 103‏:9\x* \m \v 19 ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ \m قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ \m سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن. \m \v 20 ــ سەن قەدىمكى كۈنلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان ھەقىقەت-ساداقەتنى ياقۇپقا، \m ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى ئىبراھىمغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىسەن.