\id MAT \h ماتتا \toc1 ماتتا \toc2 ماتتا \toc3 مات. \mt1 ماتتا \c 1 \s1 «ماتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامىسى \m \v 1 بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم بىرىنچىدىن تۆۋەندىكى «نەسەبنامە»نى (1-16-ئايەتنى) كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇلار ھەم «ماتتا» كىتابىنىڭ بېشىدا ۋە تولۇق ئىنجىلنىڭ بېشىدا كېلىپ «بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھ دەۋرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:1 \xt لۇقا 1‏:31-32 \x* \m \v 2 ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛\x + \xo 1:2 \xt يار. 21‏:2؛ 25‏:26،35. \x* \v 3 يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى،\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى»\+bd* ــ تامار توغرۇلۇق «يار.» 38-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:3 \xt يار. 38‏:27، 29؛ رۇت 4‏:18، 19؛ 1تار. 2‏:5، 9. \x* \v 4 رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، \v 5 سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى،\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى»\+bd* ــ راھاب توغرۇلۇق «يەشۇئا» 2-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «بوئاز رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى»\+bd* ــ رۇت توغرۇلۇق تەۋراتتىكى «رۇت»نى كۆرۈڭ.\f* \v 6 يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى،\x + \xo 1:6 \xt رۇت 4‏:22؛ 1سام. 16‏:1؛ 17‏:12؛ 1تار. 2‏:15؛ 12‏:18. \x* \v 7 سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى،\x + \xo 1:7 \xt 1پاد. 11‏:43؛ 1تار. 3‏:10. \x* \v 8 ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى،\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى»\+bd* ــ «يەھورام» گرېك تىلىدا قىسقارتىلما شەكىلدە «يورام» بولىدۇ.\f* \v 9 ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، \v 10 ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ \v 11 بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا...»\+bd* ــ سۈرگۈن قىلىنىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە ئون نەچچە يىل جەريان بولغان. ئىسرائىللار تۈركۈم-تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ سۈرگۈن قىلىنغان.\f*  \x + \xo 1:11 \xt 1تار. 3‏:16. \x* \v 12 بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى»\+bd* ــ بۇ قىزىق خەۋەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «شېئالتىئەل» گرېك تىلىدا «سالاتىيەل».\f*  \x + \xo 1:12 \xt 1تار. 3‏:17؛ ئەزرا 3‏:2. \x* \v 13 زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، \v 14 ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، \v 15 ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، \v 16 ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى»\+bd* ــ بىزنىڭ پىكرىمىزچە «ماتتا»دا يۈسۈپنىڭ نەسەبنامىسى خاتىرىلىنىدۇ. «لۇقا»دا مەريەمنىڭكى خاتىرىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان. \b \m \s1 ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى \m \v 18 ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ــ ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.\f □ \fr 1:18 \ft \+bd «لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار تېخى بىللە بولمايلا».\f*  \x + \xo 1:18 \xt لۇقا 1‏:27،34. \x* \m \v 19 لېكىن ئۇنىڭ \add بولغۇسى\add* ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى.\f □ \fr 1:19 \ft \+bd «يۈسۈپ... ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى»\+bd* ــ ئىبرانىيلار ئارىسىدا يىگىت-قىز بىر-بىرىگە ۋەدىلەشكەن بولسا قانۇن ئالدىدا ئاللىقاچان رەسمىي ئەر-ئايال دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f* \m \v 20 ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. \v 21 ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ»\+bd* ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر.\f*  \x + \xo 1:21 \xt لۇقا 1‏:31؛ روس. 4‏:12. \x* \m \v 22 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ \f □ \fr 1:22 \ft \+bd «مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان...»\+bd* ــ ئىنجىلدا، تەۋراتتىكى بېشارەتلەر نەقىل كەلتۈرۈلگىنىدە، ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ (1) يۈز بەرگەن ئىش دەل شۇ بېشارەتنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 22:1، 14:4، 17:12، 4:21)؛ (2) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەت ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقە ياكى ئىش بولىدۇ (مەسىلەن، 23:2، 35:13)؛ (3) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشقا بىر مىسال بولىدۇ (مەسىلەن، 17:2). بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.\f* \m \v 23 «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ».\f □ \fr 1:23 \ft \+bd «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 14:7 ۋە «يەش.» 8:8، 10نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 24 يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. \v 25 لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.\x + \xo 1:25 \xt لۇقا 2‏:21. \x* \b \b \m \c 2 \s1 دانىشمەنلەرنىڭ زىيارىتى \m \v 1 ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن:\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە»\+bd* ــ «ھېرود پادىشاھ» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز» ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ...»\+bd* ــ «دانىشمەنلەر» ــ گرېك تىلىدا «ماگوي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ سۆز مۇنەججىملەرنى ياكى پىر-ئۇستازلارنى كۆرسىتەتتى؛ دانىيال پەيغەمبەر بابىلدا مۇنداق كىشىلەرگە «پىرلارنىڭ پىرى» بولۇپ يول كۆرسەتكەندىن كېيىن (تەۋرات، «دانىيال» دېگەن قىسىمنى كۆرۈڭ) «ماگوي»لارنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ھېسابلىرى ئاساسەن خۇراپات بويىچە ئەمەس، بەلكى تەۋراتتىكى بېشارەتلەر بويىچە بولغان بولۇشى مۇمكىن. \+bd «مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ...»\+bd* ــ يېرۇسالېم قەدىمكى ئىسرائىلنىڭ پايتەختى ئىدى.\f*  \x + \xo 2:1 \xt لۇقا 2‏:4. \x* \v 2 يەھۇدىيلارنىڭ \add يېڭىدىن\add* تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق»\+bd* ــ «ئۇنىڭ يۇلتۇزى» ــ دېمەك، «ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزى». \+bd «بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق»\+bd* ــ ياكى «بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنى شەرقتە كۆردۇق».\f* \v 3 بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. \v 4 ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟»\+bd* ــ «مەسىھ» ــ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ ھەم نىجات كەلتۈرىدىغان ھەم كېيىن مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى-پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 5 ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ \f □ \fr 2:5 \ft \+bd «پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن...»\+bd* ــ «پەيغەمبەر» مۇشۇ يەردە تەۋراتتىكى مىكاھ پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («مىك.» 2:5).\f* \m \v 6 «ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، \m خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ \m چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، \m ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى.\x + \xo 2:6 \xt مىك. 5‏:1، 2؛ 1سام. 16‏:1؛ يـۇھ. 7‏:42. \x* \b \m \v 7 بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى. \v 8 ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى. \m \v 9 دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئۇ كۆتۈرلگەندە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز».\f* \v 10 ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى \v 11 ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى. \v 12 ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. \b \m \s1 مىسىرغا قېچىش \m \v 13 ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: \m ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى. \v 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. \v 15 ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى»\+bd* ــ تەۋرات، «ھوش.» 1:11.\f*  \x + \xo 2:15 \xt ھوش. 11‏:1. \x* \b \m \s1 ھېرودنىڭ ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈشى \m \v 16 ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «ھېرود... ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى»\+bd* ــ دېمەك، ئۇ تۇغۇلغان بالا كۆپ دېگەندە ئىككى ياشقا كىرگەن، دەپ ھېسابلىغانىدى.\f* \v 17 شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ \b \m \v 18 «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، \m ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، \m بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ \m بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، \m تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ».\f □ \fr 2:18 \ft \+bd «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار»\+bd* ــ «راماھ يۇرتى» ياكى «راماھ شەھىرى» بەيت-لەھەمدىن يىراق ئەمەس. \+bd «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، ... بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ پۈتكۈل بېشارەت «يەر.» 15:31دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:18 \xt يەر. 31‏:15 \x* \b \m \s1 مىسىردىن قايتىپ كېلىش \m \v 19 ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ \m \v 20 ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى. \v 21 بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى. \v 22 ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ، \v 23 ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ مۇھىم بېشارەتلىك سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:23 \xt يەش. 11‏:1؛ 60‏:21؛ زەك. 6‏:12. \x* \b \b \m \c 3 \s1 چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى \r مار. 1‏:1-8؛ لۇقا 3‏:1-9؛ 15-17؛ يـۇھ. 1‏:19-28 \m \v 1 شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ...»\+bd* ــ «يەھيا» ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدا «يۇھاننا» («پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتى» دېگەن مەنىدە) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ شەكلىدە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇ تەرجىمىدە ئىشلەتتۇق («يەھيا» ئەسلى ئەرەبچە سۆز ئىدى).\f*  \x + \xo 3:1 \xt مار. 1‏:4؛ لۇقا 3‏:3. \x* \v 2 كىشىلەرگە: \m ــ توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! ــ دەپ جاكارلاشقا باشلىدى.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «... ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!»\+bd* ــ ئىنجىلدا باشتىن-ئاخىر «ئەرش پادىشالىقى» ياكى «ئاسماننىڭ پادىشاھلىقى» دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. گرېك تىلىدا دائىم «ئاسمانلارنىڭ پادىشاھلىقى» دېگەن شەكلىدە ئېلىنىدۇ.\f* \v 3 چۈنكى \add چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا\add* بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ \m «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: \m رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، \m ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ».\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 3:40.\f*  \x + \xo 3:3 \xt يەش. 40‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4؛ يـۇھ. 1‏:23. \x* \b \m \v 4 يەھيا \add پەيغەمبەر\add* تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.\x + \xo 3:4 \xt مار. 1‏:6. \x* \v 5 ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، \v 6 گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «... \+bd*\+bdit يەھيانىڭ\+bdit* ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى» ــ بۇ يەردە ئېيتىلغان چۆمۈلدۈرۈش كىشىلەرنىڭ: (1) ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلىقىنى؛ (2) خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ۋە شۇنداقلا (3) قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشىنى ئىپادىلەيتتى (ئاخىرقى نۇقتا ئىنجىلدىكى كېيىنكى مەزمۇندا ئىسپاتلىنىدۇ).\f*  \x + \xo 3:6 \xt مار. 1‏:5. \x* \m \v 7 لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا: \m ــ ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى \add خۇدانىڭ\add* چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەن...»\+bd* ــ «پەرىسىي» ۋە «سادۇقىي» توغرۇلۇق: ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئىككى مەزھەپنىڭ كىشىلىرى. تەبىرلەردىكى «پەرىسىي» ۋە «سادۇقىي»غا قارالسۇن. \+bd «كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە؛ مەنىسى بەلكىم «توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!».\f*  \x + \xo 3:7 \xt مات. 12‏:34؛ 23‏:33؛ لۇقا 3‏:7. \x* \m \v 8 ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!»\+bd* ــ «توۋىغا لايىق مېۋە» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:8 \xt لۇقا 3‏:8. \x* \v 9 ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار!»\+bd* ــ «ئاتىمىز ئىبراھىم باردۇر!» ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى»، «بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا «ئۇنىڭغا خاس ئالاھىدە ھەلق» بولىۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt يـۇھ. 8‏:39. \x* \m \v 10 پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى»\+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ئۇنىڭ شۇ بايانى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:10 \xt مات. 7‏:19؛ يـۇھ. 15‏:6. \x* \v 11 مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. \x + \xo 3:11 \xt مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:15،26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 19‏:4. \x* \v 12 ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى \add توپا-ساماندىن\add* تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى \r مار. 1‏:9-11؛ لۇقا 3‏:21-22 \m \v 13 شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. \x + \xo 3:13 \xt مار. 1‏:9؛ لۇقا 3‏:21. \x* \v 14 بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: \m ــ ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ ــ دېدى. \m \v 15 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق \add تەلەپلىرىنى\add* ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى. \v 16 ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى...»\+bd* ــ نېمىشقا ئەيسا يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز. \+bd «خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ..»\+bd* ــ ياكى «... پاختەك قىياپىتىدە چۈشۈپ...». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:16 \xt يەش. 11‏:2؛ 42‏:1؛ يـۇھ. 1‏:32. \x* \v 17 ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: ــ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» ــ دەپ ئاڭلاندى.\x + \xo 3:17 \xt يەش. 42‏:1؛ مات. 12‏:18؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ لۇقا 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17. \x*  \fig مەسىھنىڭ دەۋرىدە، قانائان (ئىسرائىلىيە) زېمىنى|src="israeljesustime-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 17:3" \fig* \b \b \m \c 4 \s1 ئەيسانىڭ چۆل-باياۋاندا سىنىلىشى \r مار. 1‏:12-13؛ لۇقا 4‏:1-13 \m \v 1 ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «..ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ... چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:1 \xt مار. 1‏:12؛ لۇقا 4‏:1. \x* \v 2 ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسۇنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا «روزا تۇتۇش» ئادەتتە ھېچقانداق ئوزۇقلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بىۋاسىتە دېيىلمىگەن بولسا مۇشۇ روزىلار سۇ ئىچمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.\f* \v 3 ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا... دېدى»\+bd* ــ «ئازدۇرغۇچى» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بۇ 3- ۋە 6-ئايەتلەردىكى «ئەگەر» ئادەتتە «ئەگەر (مۇنداق) بولساڭ (ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىسەن)» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ. \fp «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 4 لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ \m \add تەۋراتتا\add*: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ»\+bd* ــ «قان.» 3:8.\f*  \x + \xo 4:4 \xt قان. 8‏:3\x* \m \v 5 ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا: \v 6 ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى \add تەۋراتتا\add*: «\add خۇدا\add* ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «خۇدا ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 11:91، 12. شەيتاننىڭ بۇ ئايەتنى ئىشلەتكىنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:6 \xt زەب. 91‏:11،12\x* \m \v 7 ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!»\+bd* ــ «قان.» 16:6.\f*  \x + \xo 4:7 \xt قان. 6‏:16. \x* \m \v 8 ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ: \m \v 9 يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى. \m \v 10 ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى \add تەۋراتتا\add*: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!»\+bd* ــ «قان.» 13:6.\f*  \x + \xo 4:10 \xt قان. 6‏:13؛ 10‏:20. \x* \m \v 11 بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى»\+bd* ــ رەب ئەيسا ئۇچرىغان سىناقلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 ئەيسا تەلىم بېرىشنى باشلايدۇ \r مار. 1‏:14-15؛ لۇقا 4‏:14-15 \m \v 12 ئەمدى \add ئەيسا\add* يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى. \x + \xo 4:12 \xt مار. 1‏:14؛ لۇقا 4‏:14،16،31؛ يـۇھ. 4‏:43. \x* \v 13 ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى \add گالىلىيە\add* دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئۇ... نافتالى رايونىدىكى گالىلىيە دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى»\+bd* ــ «گالىلىيە دېڭىزى» ئاقار سۇلۇق يوغان بىر كۆل.\f* \v 14 شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ \m \v 15 «زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى، \m ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا، «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە، \f □ \fr 4:15 \ft \+bd «ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا...»\+bd* ــ «دېڭىز يولى» «گالىلىيە دېڭىزى»نىڭ غەربىي يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd ««يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە...»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، نافتالى، زەبۇلۇن ۋە باشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسىملىرى سۈرگۈن قىلىندى. بىر قىسىم كەمبەغەل، نامرات، قابىلىيەتسىز كىشىلەر قالدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى باشقا يات مىللەت-خەلقلەرنى ئېلىپ كېلىپ شۇ يەرگە، بولۇپمۇ گالىلىيەگە ئولتۇراقلاشتۇردى. مۇشۇ كىشىلەر قېپقالغان نامرات ئىسرائىللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ، ئۆزئارا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنغاچقا، گالىلىيە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ««يات ئەللىكلەر» (يەھۇدىي ئەمەسلەر)نىڭ ماكانى گالىلىيە» دەپ كەمسىتىلىپ ئاتالغان.\f*  \x + \xo 4:15 \xt يەش. 8‏:23؛ 9‏:1. \x* \m \v 16 قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ \m يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، \m دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى».\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى»\+bd* ــ تەۋرات «يەش.» 1:9-2. بېشارەتتە مۇشۇ نۇر دەل شۇ كەمسىلتىلگەن يەردىكىلەرگە چېچىلىدۇ، دېيلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:16 \xt يەش. 9‏:1، 2.\x* \m \v 17 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى.\x + \xo 4:17 \xt مار. 1‏:15. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ مۇخلىس چاقىرىشى \r مار. 1‏:16-20؛ لۇقا 5‏:1-11 \m \v 18 \add بىر كۈنى\add*، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛ \x + \xo 4:18 \xt مار. 1‏:16. \x* \v 19 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار ــ مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. \f □ \fr 4:19 \ft \+bd «مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن!»\+bd* ــ «ئادەمنى تۇتقۇچى» دېگەن ئىبارىدە «تۇتۇش» زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى شەيتاننىڭ ئىلكىدىن ئېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 20 ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \m \v 21 ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى. \v 22 ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ گالىلىيەدە تەلىم بېرىشى \r لۇقا 6‏:17-19 \m \v 23 ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. \f □ \fr 4:23 \ft \+bd «ئەيسا... ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ،...»\+bd* ــ «سىناگوگلار» يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىبادەت قىلىش، تەۋراتنى ئوقۇش ۋە ۋەز-تەلىم ئاڭلاشقا يىغىلىدىغان ئاممىۋىي ئۆيلىرى ياكى زاللىرى.\f* \v 24 ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. \f □ \fr 4:24 \ft \+bd «تۇتقاقلىق... كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاي ئۇرغانلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 25 گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \b \b \m \c 5 \s1 ھەقىقىي بەخت-بەرىكەت \r لۇقا 6‏:20-23 \m \v 1 مۇشۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇ بىر تاغقا چىقتى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىدا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. \v 2 ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ــ \b \m \v 3 مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! \m چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «روھتا نامرات بولغانلار»\+bd* ــ بەلكىم ئۆزىنىڭ خۇداغا قەتئىي موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇبارەك، روھتا تىلەمچى بولغانلار!». گرېك تىلىدا «نامرات» دېگەن سۆز «تىلەمچى» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (مەسىلەن، «لۇقا» 20:16، 22دە). \fp بۇ ئايەتلەردە «مۇبارەك» دېگەن سۆز (خۇدا تەرىپىدىن) «بەختلىك، بەرىكەتلىك قىلىنغان» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:3 \xt يەش. 57‏:15؛ 66‏:2؛ لۇقا 6‏:20. \x* \m \v 4 مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! \m چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ.\f □ \fr 5:4 \ft \+bd «پىغان چەككەنلەر»\+bd* ــ بەلكىم ئۆز گۇناھلىرى ۋە خۇداغا تايانمىغانلىقى ئۈچۈن پىغان چېكىشنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:4 \xt يەش. 61‏:2؛ 66‏:10،13؛ لۇقا 6‏:21. \x* \m \v 5 مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! \m چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر.\x + \xo 5:5 \xt زەب. 37‏:11\x* \m \v 6 مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! \m چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ.\x + \xo 5:6 \xt يەش. 55‏:1. \x* \m \v 7 مۇبارەك، رەھىمدىللار! \m چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ. \m \v 8 مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! \m چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ.\x + \xo 5:8 \xt زەب. 15‏:1-2؛ 24‏:4؛ ئىبر. 12‏:14. \x* \m \v 9 مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! \m چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.\f □ \fr 5:9 \ft \+bd «تىنچلىق تەرەپدارلىرى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «سۇلھى قىلغۇچىلار».\f* \m \v 10 مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر.\x + \xo 5:10 \xt 2كور. 4‏:10؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1پېت. 3‏:14. \x* \m \v 11 مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ \x + \xo 5:11 \xt 1پېت. 4‏:14. \x* \v 12 شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان. \x + \xo 5:12 \xt لۇقا 6‏:23. \x* \b \m \s1 مۇخلىسلار «تۇز»لۇق رولىنى يوقاتماسلىقى كېرەك \r مار. 9‏:50؛ لۇقا 14‏:34-35 \m \v 13 سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ، تاشلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ.\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر»\+bd* ــ تۇز ــ (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك.\f*  \x + \xo 5:13 \xt مار. 9‏:50؛ لۇقا 14‏:34. \x* \m \v 14 سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. \v 15 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرگە يورۇقلۇق بېرىدۇ. \f □ \fr 5:15 \ft \+bd «ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس...»\+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «ئۆلچىگۈچى سېۋەت».\f*  \x + \xo 5:15 \xt مار. 4‏:21؛ لۇقا 8‏:16؛ 11‏:33. \x* \v 16 شۇ تەرىقىدە، سىلەر نۇرۇڭلارنى ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىتىڭلاركى، ئۇلار ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن.\x + \xo 5:16 \xt 1پېت. 2‏:12. \x* \b \m \s1 تەۋرات قانۇنى ھەققىدە \m \v 17 مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. \v 18 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «ئۇنىڭدا \+bd*\+bdit ، يەنى تەۋرات قانۇنىدا\+bdit* پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ... بىكار قىلىنمايدۇ» ــ «يود» بولسا ئىبرانىي تىلىدا: «ى» («يود»، y) ــ ئەڭ كىچىك ھەرپ ھېسابلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 5:18 \xt لۇقا 16‏:17. \x* \v 19 شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 5:19 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى خىلاپلىق قىلىپ...» ــ گرېك تىلىدىكى پېئىل بەلكىم «بىكار قىلىپ» ۋە «خىلاپلىق قىلىپ» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 5:19 \xt ياق. 2‏:10. \x* \v 20 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر.\f □ \fr 5:20 \ft \+bd «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر...»\+bd* ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئەنئەنىلىرىدە ئەڭ چىڭ تۇرىدىغان قاتتىق تەلەپلىك ئېتىقاد ئېقىمى ئىدى.\f* \b \m \s1 غەزەپلىنىش ھەققىدە \m \v 21 بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. \x + \xo 5:21 \xt مىس. 20‏:13؛ قان. 5‏:17. \x* \v 22 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. \f □ \fr 5:22 \ft \+bd «ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلار...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «بىكاردىن-بىكار» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ. \+bd «... ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ»\+bd* ــ «ئالىي كېڭەشمە» يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوتى بولۇپ، «سانھېدرىن» دەپ ئاتىلاتتى. بەزىلەر بۇ سۆز ئەرشتىكى سوتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ بىزمۇ بۇ پىكىرگە مايىلمىز.\f* \v 23 شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ \add خۇداغا\add* ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە، \v 24 ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا. \m \v 25 ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن. \f □ \fr 5:25 \ft \+bd «... ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن»\+bd* ــ «ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا» دېگەن سۆز بەلكىم سوتقا قاراپ ماڭغان يولدا، يەنى سوتقا چۈشۈشتىن بۇرۇن بولغان «يارىشىش پۇرسىتى»نى كۆرسىتىدۇ. «لۇقا» 58:12نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:25 \xt لۇقا 12‏:58؛ ئ‍ەف. 4‏:26. \x* \v 26 مەن ساڭا شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، \add قەرزىڭنىڭ\add* ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن چىقالمايسەن.\f □ \fr 5:26 \ft \+bd «قەرزىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنى»\+bd* ــ «بىر تىيىن» گرېك تىلىدا «بىر كودرانس». بۇ پۇلنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى، شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/64 قىسمى ئىدى.\f* \b \m \s1 زىناخورلۇق ھەققىدە \m \v 27 سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. \x + \xo 5:27 \xt مىس. 20‏:14؛ قان. 5‏:18. \x* \v 28 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي نىيەت بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن ئاللىقاچان زىنا قىلغان بولىدۇ. \x + \xo 5:28 \xt ئايۇپ 31‏:1؛ زەب. 119‏:37. \x* \v 29 ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. \x + \xo 5:29 \xt مات. 18‏:8؛ مار. 9‏:43. \x* \v 30 ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. \b \m \s1 تالاق قىلىش ھەققىدە \r مات. 19‏:9؛ مار. 10‏:11-12؛ لۇقا 16‏:18 \m \v 31 يەنە: ــ «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان. \f □ \fr 5:31 \ft \+bd «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن»\+bd* ــ «قان.» 1:24.\f*  \x + \xo 5:31 \xt چۆل. 30‏:2؛ قان. 23‏:20-22؛ 24‏:1. \x* \v 32 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا \add ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ\add* ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. \f □ \fr 5:32 \ft \+bd «كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ»\+bd* ــ ئايال كىشى مەسىھ ئېيتقان بۇ ئەھۋالغا چۈشسە (دېمەك، ئېرى بۇزۇقلۇق قىلغان بولسا)، ئۇنداقتا ئۇ تالاق قىلىنغان بولسا، باشقا بىر ئەرگە تەگسە بولىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تالاق قىلىنغان خوتۇن ئەرسىز قالسا، ئەھۋالى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:32 \xt مات. 19‏:7؛ مار. 10‏:4،11؛ لۇقا 16‏:18؛ 1كور. 7‏:10. \x* \b \m \s1 قەسەم قىلىش ھەققىدە \m \v 33 سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. \x + \xo 5:33 \xt مىس. 20‏:7؛ لاۋ. 19‏:12؛ قان. 5‏:11؛ 23‏:22 \x* \v 34 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛ \x + \xo 5:34 \xt يەش. 66‏:1؛ ياق. 5‏:12. \x* \v 35 ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر. \x + \xo 5:35 \xt زەب. 48‏:2؛ يەش. 66‏:1. \x* \v 36 ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. \v 37 پەقەت دېگىنىڭلار «بولىدۇ»، «بولىدۇ»، ياكى «ياق، ياق، بولمايدۇ» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ.\f □ \fr 5:37 \ft \+bd «بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ»\+bd* ــ «رەزىل بولغۇچى» شەيتاننى كۆزرىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «رەزىللىكتىن كېلىدۇ».\f* \b \m \s1 ئىنتىقام ھەققىدە \r لۇقا 6‏:29-30 \m \v 38 سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. \f □ \fr 5:38 \ft \+bd «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش»\+bd* ــ ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال بولسا: «قانغا قان، جانغا جان». سوتتىكى ئادالەتلىك ھۆكۈملەرنى كۆرسىتىدىغان بۇ سۆزلەر تەۋرات، «مىس.» 24:21، «لاۋ.» 20:24دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:38 \xt مىس. 21‏:24؛ لاۋ. 24‏:20؛ قان. 19‏:21. \x* \v 39 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ \x + \xo 5:39 \xt پەند. 24‏:29؛ لۇقا 6‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1كور. 6‏:7؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9. \x* \v 40 ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر. \v 41 بىرسى ساڭا \add يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ\add* مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ. \f □ \fr 5:41 \ft \+bd «بىرسى ساڭا يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا...»\+bd* ــ «مىڭ قەدەم» گرېك تىلىدا: «بىر مىلىيون»، يەنى تەخمىنەن 1.5 كىلومېتر. \+bd «بىرسى ساڭا يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتلاردا رىم ئىمپېرىيەسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاددىي پۇقرالارنى ئۆز يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ بېرىشكە زورلاش ھوقۇقى بار ئىدى.\f* \v 42 بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما.\f □ \fr 5:42 \ft \+bd «بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر»\+bd* ــ مەسىھ تىلىگەنلەرگە نېمىنى بېرىش، نېمىنى بەرمەسلىك توغرىسىدا سۆز قىلمىغان؛ پەقەت كۆڭلىمىزدە «بېرىش پوزىتسىيىسى»نى ساقلىشىمىز كېرەك. دەل تىلىگەن نەرسىنى بېرىشىمىز ناتايىن («روس.» 6:3نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 5:42 \xt قان. 15‏:8؛ لۇقا 6‏:35. \x* \b \m \s1 دۈشمەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە \r لۇقا 6‏:27-28؛‏ 32-36 \m \v 43 سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان. \f □ \fr 5:43 \ft \+bd «قوشناڭنى سۆيگىن»\+bd* ــ «لاۋ.» 18:18. \+bd «دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن»\+bd* ــ ئىككىنچى سۆز تەۋراتتىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئۇستازلارنىڭ يازمىلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆزقارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 5:43 \xt لاۋ. 19‏:18. \x* \v 44 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. \f □ \fr 5:44 \ft \+bd «سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار....»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تولۇق ئايەت: «دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە ھاقارەت ۋە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار» دېيىلىدۇ. «لۇقا» 27:6-28نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:44 \xt لۇقا 6‏:27؛ 23‏:34؛ روس. 7‏:60؛ رىم. 12‏:20؛ 1كور. 4‏:13؛ 1پېت. 2‏:23. \x* \v 45 شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. \f □ \fr 5:45 \ft \+bd «شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر»\+bd* ــ تەكىتلەنگەن ئىش بەلكى خۇدانىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇش.\f* \v 46 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ \f □ \fr 5:46 \ft \+bd «ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟»\+bd* ــ باجگىرلار ئىنتايىن ئىنساپسىز، پەسكەش ئادەملەر دەپ ھېسابلىناتتى.\f*  \x + \xo 5:46 \xt لۇقا 6‏:32. \x* \v 47 ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! \f □ \fr 5:47 \ft \+bd «ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!»\+bd* ــ «يات ئەللىكلەر»نىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتتا بۇتپەرەسلەر، كاپىرلار ئىدى، ئەلۋەتتە.\f* \v 48 شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار.\f □ \fr 5:48 \ft \+bd «...ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار»\+bd* ــ ياكى «... ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەر مۇكەممەل بولىسىلەر».\f*  \x + \xo 5:48 \xt يار. 17‏:1\x* \b \b \m \c 6 \s1 خەير-ساخاۋەت ھەققىدە \m \v 1 ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار»\+bd* ــ ياكى «قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار».\f* \m \v 2 شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، ئۆز ئالدىڭدا كاناي چالغۇزما».\f*  \x + \xo 6:2 \xt رىم. 12‏:8. \x* \v 3 لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن. \v 4 شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ.\x + \xo 6:4 \xt لۇقا 14‏:14. \x* \b \m \s1 دۇئا ھەققىدە \r لۇقا 11‏:2-4 \m \v 5 دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. \m \v 6 لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.\x + \xo 6:6 \xt 2پاد. 4‏:33؛ روس. 10‏:4. \x* \m \v 7 دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، \add بۇتپەرەس\add* يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا \add خۇدا\add* تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.\x + \xo 6:7 \xt 1پاد. 18‏:28؛ يەش. 1‏:15. \x* \v 8 شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ. \v 9 شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ \b \m «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، \m سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.\x + \xo 6:9 \xt لۇقا 11‏:2. \x* \m \v 10 پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، \m ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي. \m \v 11 بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن. \m \v 12 بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، \m سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.\f □ \fr 6:12 \ft \+bd «بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قەرز» چوقۇم گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 13 بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، \m بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».\f □ \fr 6:13 \ft \+bd «..بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن»\+bd* ــ دېمەك، شەيتاندىن قۇتقۇزۇش. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يامانلىقتىن»، «رەزىللىكتىن». \+bd «..بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن...»\+bd* ــ بەزى گرېكچە نۇسخىلاردا بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ: «چۈنكى، پادىشاھلىق، ھوقۇق ۋە ئۇلۇغلۇق ساڭا مەنسۇپ، ئامىن» دېگەن ئىبارىلەر قوشۇلغان.\f*  \x + \xo 6:13 \xt مات. 13‏:19. \x* \b \m \v 14 چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. \x + \xo 6:14 \xt مار. 11‏:25؛ كول. 3‏:13. \x* \v 15 بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.\x + \xo 6:15 \xt مات. 18‏:35؛ ياق. 2‏:13. \x* \b \m \s1 روزا تۇتۇش ھەققىدە \m \v 16 روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. \x + \xo 6:16 \xt يەش. 58‏:3؛ مات. 9‏:14؛ مار. 2‏:18؛ لۇقا 5‏:33. \x* \v 17 ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر. \v 18 شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. \b \m \s1 بايلىق ھەققىدە \r لۇقا 12‏:33-34؛ 11‏:34-36؛ 16‏:13 \m \v 19 يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. \x + \xo 6:19 \xt پەند. 23‏:4؛ ئىبر. 13‏:5؛ ياق. 5‏:1. \x* \v 20 ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ. \x + \xo 6:20 \xt لۇقا 12‏:33؛ 1تىم. 6‏:19. \x* \v 21 چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. \m \v 22 تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. \f □ \fr 6:22 \ft \+bd «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي». دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ھەمدە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ...» دېگەن بولىدۇ.\f*  \x + \xo 6:22 \xt لۇقا 11‏:34. \x* \v 23 لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!\f □ \fr 6:23 \ft \+bd «ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا...»\+bd* ــ «يامان» مۇشۇ يەردە ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 24 ھېچكىم \add بىرلا ۋاقىتتا\add* ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. \add شۇنىڭغا ئوخشاش\add*، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.\f □ \fr 6:24 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس»\+bd* ــ «مال-دۇنيا» گرېك تىلىدا «ماممون» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 6:24 \xt لۇقا 16‏:13. \x* \m \v 25 شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 6:25 \xt زەب. 37‏:5؛ 55‏:22؛ لۇقا 12‏:22؛ فىل. 4‏:6؛ 1تىم. 6‏:8؛ 1پېت. 5‏:7. \x* \v 26 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 6:26 \xt ئايۇپ 38‏:41؛ زەب. 147‏:9\x* \v 27 ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟\f □ \fr 6:27 \ft \+bd «... ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «....بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالامدۇ؟».\f* \m \v 28 سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛ \f □ \fr 6:28 \ft \+bd «دالادىكى نېلۇپەرلەر...»\+bd* ــ ياكى «دالادىكى ياۋا گۈل-گىياھلار...».\f* \v 29 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى. \f □ \fr 6:29 \ft \+bd «ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سۇلايمان» ئۇلۇغ پادىشاھ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايماننى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 30 ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! \v 31 شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. \v 32 چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ \f □ \fr 6:32 \ft \+bd «يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ...»\+bd* ــ «يات ئەلدىكىلەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى. مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 33 شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.\x + \xo 6:33 \xt 1پاد. 3‏:13؛ زەب. 37‏:25؛ 55‏:22\x* \m \v 34 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ. \b \b \m \c 7 \s1 باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار \r لۇقا 6‏:37-38؛ 41-42 \m \v 1 باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا \add خۇدانىڭ\add* ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر.\x + \xo 7:1 \xt لۇقا 6‏:37؛ رىم. 2‏:1؛ 1كور. 4‏:3، 5. \x* \v 2 چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، \add خۇدامۇ\add* سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، \add خۇدامۇ\add* سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ.\f □ \fr 7:2 \ft \+bd «باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار»\+bd* ــ بۇ 1-2-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 7:2 \xt مار. 4‏:24؛ لۇقا 6‏:38. \x* \v 3 ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ...»\+bd* ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ...». \+bd «...ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!»\+bd* ــ ئايەتنىڭ تولۇق مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 7:3 \xt لۇقا 6‏:41، 42. \x* \v 4 سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟ \v 5 ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.\x + \xo 7:5 \xt پەند. 18‏:17. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلار ھەققىدە \m \v 6 مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ.\x + \xo 7:6 \xt پەند. 9‏:8؛ 23‏:9. \x* \b \m \s1 تىلەڭلار، ئىزدەڭلار، چېكىڭلار \r لۇقا 11‏:9-13 \m \v 7 تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ.\x + \xo 7:7 \xt مات. 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5، 6؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. \x* \v 8 چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ.\x + \xo 7:8 \xt پەند. 8‏:17؛ يەر. 29‏:12. \x* \v 9 ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! \v 10 ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ \v 11 ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟\x + \xo 7:11 \xt يار. 6‏:5؛ 8‏:21. \x* \m \v 12 شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر.\x + \xo 7:12 \xt لۇقا 6‏:31. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغان دەرۋازا تار \r لۇقا 13‏:24 \m \v 13 تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. \x + \xo 7:13 \xt لۇقا 13‏:24. \x* \v 14 بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.\x + \xo 7:14 \xt روس. 14‏:22. \x* \b \m \s1 ئىككى خىل دەرەخ \r لۇقا 6‏:43-44؛ 13‏:25-27 \m \v 15 ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. \x + \xo 7:15 \xt قان. 13‏:4؛ يەر. 23‏:16؛ مات. 24‏:4؛ رىم. 16‏:17؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:8؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \v 16 سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈملەر، قامغاقتىن ئەنجۈرلەر ئالغىلى بولامدۇ؟ \v 17 شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ. \x + \xo 7:17 \xt مات. 3‏:10؛ 12‏:33؛ مار. 11‏:13؛ لۇقا 8‏:8. \x* \v 18 ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. \v 19 ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. \v 20 شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. \b \m \s1 ھەقىقىي مۇخلىس \m \v 21 ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. \x + \xo 7:21 \xt مات. 25‏:11؛ لۇقا 6‏:46؛ 13‏:25؛ روس. 19‏:13؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:22. \x* \v 22 شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. \f □ \fr 7:22 \ft \+bd «شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم...» دەيدى»\+bd* ــ «شۇ كۈنى» ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپ يەرلەردە قىيامەت كۈنى پەقەت «شۇ كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 7:22 \xt يەر. 14‏:14؛ 27‏:15؛ لۇقا 13‏:26. \x* \v 23 ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.\x + \xo 7:23 \xt زەب. 6‏:8؛ مات. 25‏:12،41؛ لۇقا 13‏:25،27. \x* \b \m \s1 ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر \m \v 24 ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ. \x + \xo 7:24 \xt يەر. 17‏:8؛ لۇقا 6‏:47؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:25. \x* \v 25 يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. \v 26 بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ. \x + \xo 7:26 \xt ئ‍ەز. 13‏:11؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:23. \x* \v 27 يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى! \m \v 28 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توپ-توپ خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. \v 29 چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.\x + \xo 7:29 \xt مار. 1‏:22؛ 6‏:2؛ لۇقا 4‏:32. \x* \b \b \m \c 8 \s1 ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى \r مار. 1‏:40-45؛ لۇقا 5‏:12-16 \m \v 1 ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \v 2 ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: \m ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd «ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى»\+bd* ــ ماخاۋ كېسىلى بىر خىل قورقۇنچلۇق، يۇقۇملۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، تەۋرات قانۇنى بويىچە يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى «ناپاك» دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا تەگمەسلىكى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 13-14-بابلار). \+bd «تەقسىر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز «كۇرىئوس» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قاراپ ياكى «تەقسىر» ياكى «رەب»نى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار ئادەم ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخى ئانچە بىلمىگەچكە، «تەقسىر» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك.\f*  \x + \xo 8:2 \xt مار. 1‏:40؛ لۇقا 5‏:12. \x* \v 3 ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: \m ــ خالايمەن، پاك بولغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى. \v 4 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن»\+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى «ساق، ياكى ساق ئەمەس» دەپ تەكشۈرتۈپ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى؛ ئاندىن قايتىدىن جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايتتى. («لاۋ.» 9:13، 1:14-11، «لۇقا» 14:5نى كۆرۈڭ). دېمىسەكمۇ، مەسىھ كەلگۈچە بۇنداق مۇراسىم بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان.\f*  \x + \xo 8:4 \xt لاۋ. 13‏:2؛ 14‏:2؛ لۇقا 5‏:14. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى \r لۇقا 7‏:1-10؛ يـۇھ. 4‏:43-54 \m \v 5 ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، \add رىملىق\add* بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ:\x + \xo 8:5 \xt لۇقا 7‏:1. \x* \m \v 6 ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 7 مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا. \m \v 8 يۈزبېشى جاۋابەن: \m ــ تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.\x + \xo 8:8 \xt زەب. 107‏:20. \x* \v 9 چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن...»\+bd* ــ «مەن\+bd مۇ\+bd*» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوھۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.\f* \m \v 10 ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە: \m ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم. \v 11 سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. \x + \xo 8:11 \xt لۇقا 13‏:29. \x* \v 12 لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ــ دېدى. \f □ \fr 8:12 \ft \+bd «كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كەلگەنلەر...»\+bd* ــ (11-ئايەت) يەھۇدىي ئەمەسلەرنى، يەنى يات ئەلىلكلەرنى كۆرسىتىدۇ. «پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى» بولسا، ئەسلى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇش كېرەك بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 8:12 \xt مات. 13‏:42؛ 21‏:43؛ 22‏:13؛ 24‏:51؛ لۇقا 13‏:28. \x* \v 13 ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا: \m ــ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى \r مار. 1‏:29-34؛ لۇقا 4‏:38-41 \m \v 14 ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. \x + \xo 8:14 \xt مار. 1‏:29؛ لۇقا 4‏:38. \x* \v 15 ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. \add ئايال\add* دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى. \m \v 16 كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى. \v 17 بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.\x + \xo 8:17 \xt يەش. 53‏:4؛ 1پېت. 2‏:24. \x* \b \m \s1 ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدەللىرى \r لۇقا 9‏:57-62 \m \v 18 ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، \add مۇخلىسلىرىغا\add* دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى. \v 19 شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 8:19 \xt لۇقا 9‏:57. \x* \m \v 20 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.\f □ \fr 8:20 \ft \+bd «ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق»\+bd* ــ تەۋراتتا «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن خۇدانىڭ ئوغلى بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 21 مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا: \m ــ رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:21 \ft \+bd «رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن»\+bd* ــ بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى بەلكىم تېخى دۇنيادىن كەتمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر: «ئاۋۋال بېرىپ ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈشۈمگە يول قويغايسەن» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \m \v 22 بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ماڭا ئەگەشكىن، ۋە ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:22 \ft \+bd «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن»\+bd* ــ «ئۆلۈكلەر» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «روھى ئۆلگەنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 8:22 \xt 1تىم. 5‏:6. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى \r مار. 4‏:35-41؛ لۇقا 8‏:22-25 \m \v 23 ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى. \x + \xo 8:23 \xt مار. 4‏:35؛ لۇقا 8‏:22. \x* \v 24 ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى. \v 25 مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: \m ــ ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز ــ دېدى. \m \v 26 ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى.\x + \xo 8:26 \xt ئايۇپ 26‏:12؛ زەب. 107‏:29؛ يەش. 51‏:10. \x* \m \v 27 مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: \m ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ جىن چاپلاشقان ئىككى ئادەمنى ئازاد قىلىشى \r مار. 5‏:1-20؛ لۇقا 8‏:26-39 \m \v 28 ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. \f □ \fr 8:28 \ft \+bd «گادارالىقلار»\+bd* ــ ياكى «گېراسالىقلار» («لۇقا» 36:8نى كۆرۈڭ). \+bd «جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى»\+bd* ــ «گۆرلەردىن» قانائاندا (پەلەستىندە) كۆپ گۆرلەر ئۆڭكۈرلەردىن ياسىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:28 \xt مار. 5‏:1؛ لۇقا 8‏:26. \x* \v 29 ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: \m ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. \m \v 30 شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. \v 31 جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا: \m ــ ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى. \m \v 32 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ چىقىڭلار! ــ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى. \m \v 33 لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى. \v 34 ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى. \b \b \m \c 9 \s1 ئەيسانىڭ پالەچ كېسەلنى كەچۈرۈم قىلىشى ۋە ساقايتىشى \r مار. 2‏:1-12؛ لۇقا 5‏:17-26 \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى.\f □ \fr 9:1 \ft \+bd «ئۆزى تۇرغان شەھەر»\+bd* ــ كەپەرناھۇمنى دېمەكچى.\f*  \x + \xo 9:1 \xt مار. 2‏:3؛ لۇقا 5‏:18؛ روس. 9‏:33. \x* \v 2 ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: \m ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. \m \v 3 ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى.\x + \xo 9:3 \xt زەب. 32‏:5؛ يەش. 43‏:25. \x* \m \v 4 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ \v 5 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ \v 6 ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ \m ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى. \m \v 7 ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. \v 8 بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ماتتانى مۇخلىسلىققا چاقىرىشى \r مار. 2‏:13-17؛ لۇقا 5‏:27-32 \m \v 9 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر \add باجگىرنى\add* كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا: \m ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. \m ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.\x + \xo 9:9 \xt مار. 2‏:14؛ لۇقا 5‏:27. \x* \m \v 10 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا \add ماتتانىڭ\add* ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. \f □ \fr 9:10 \ft \+bd «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ياتقاندا». شۇ چاغدىلاردا كىشىلەر داستىخان سېلىنغان شىرە ئەتراپىدا يانپاشلاپ ياتقان ھالدا غىزالىشاتتى. \+bd «نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار»\+bd* ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار. \+bd «گۇناھكارلار»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f* \v 11 بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: \m ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى. \m \v 12 بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا: \m ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. \v 13 سىلەر بېرىپ \add مۇقەددەس يازمىلاردىكى\add*: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.\f □ \fr 9:13 \ft \+bd «سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «... » دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار\+bd* ــ «سىلەر بېرىپ: «پالانى-پالانى سۆزلەر»نى ئۆگىنىڭلار» دېگەن سۆزلەر يەھۇدىي تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ باشقىلارغا يوليورۇق كۆرسەتكەندە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى. مەسىھنىڭ بۇنى ئىشلىتىشى چوقۇم ئۇلارنى رەنجىتتى. خۇدانىڭ بۇ بېشارىتى تەۋراتتا، «ھوش.» 6:6دە تېپىلىدۇ. \+bd «... ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم»\+bd* ــ مەسىھنىڭ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى.\f*  \x + \xo 9:13 \xt ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 12‏:7؛ مار. 2‏:17؛ لۇقا 5‏:32؛ 19‏:10؛ 1تىم. 1‏:15. \x* \b \m \s1 يېڭى كونىدىن ئۈستۈندۇر \r مار. 2‏:18-22؛ لۇقا 5‏:33-39 \m \v 14 شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا \add پەيغەمبەرنىڭ\add* مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 9:14 \xt مار. 2‏:18؛ لۇقا 5‏:33. \x* \m \v 15 ئەيسا جاۋابەن: \m ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «توي مېھمانلىرى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ ئۆز «مېھمانلاردىن ئېلىپ كېتىلىشى»، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر بېشارىتىدۇر.\f*  \x + \xo 9:15 \xt 2كور. 11‏:2. \x* \m \v 16 ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق \add كىرىشىپ\add*، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. \f □ \fr 9:16 \ft \+bd «ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ»\+bd* ــ يېڭى رەخت كىرىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 17 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، \add شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن\add* تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.\x + \xo 9:17 \xt مار. 2‏:22. \x* \b \m \s1 ئەيسا بىر قىز تىرىلدۈرىدۇ، بىر ئايال ساقايتىدۇ \r مار. 5‏:21-43؛ لۇقا 8‏:40-56 \m \v 18 ئۇ \add يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا\add* بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ: \m ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى.\f □ \fr 9:18 \ft \+bd «مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ..»\+bd* ــ بۇ «ھۆكۈمدار» سىناگوگنىڭ چوڭى ئىدى («مار.» 22:5نى كۆرۈڭ). \+bd «مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قىزىم بۇ ۋاققىچە ئۆلگەن بولسا كېرەك،...».\f*  \x + \xo 9:18 \xt مار. 5‏:22؛ لۇقا 8‏:41. \x* \m \v 19 ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. \m \v 20 ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. \x + \xo 9:20 \xt لاۋ. 15‏:25؛ مار. 5‏:25؛ لۇقا 8‏:43. \x* \v 21 چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. \m \v 22 ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: \m ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى.\f □ \fr 9:22 \ft \+bd «قىزىم، يۈرەكلىك بول»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «يۈرەكلىك بول» دېگىنىگە قارىغاندا، ئايال بەك قورققان. نېمىشقا؟ ئۇنىڭدا خۇن تەۋرەش كېسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، تەۋرات قانۇنى بويىچە ئۆزى تەگكەن بارلىق كىشىلەرنى «ناپاك» قىلغان بولىدۇ (يەنى، ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەنلەر ئىبادەتخانىغا كىرىشكە، قۇربانلىق قىلىشقا ۋاقىتلىق لاياقەتسىز بولاتتى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپتىكى خالايىقنىلا ناپاك قىلىپلا قالماي، بەلكى مەسىھنىڭ ئۆزىنىمۇ «ناپاك» قىلغان بولاتتى.\f*  \x + \xo 9:22 \xt مار. 5‏:38؛ لۇقا 8‏:51. \x* \m \v 23 ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، \x + \xo 9:23 \xt مار. 5‏:38؛ لۇقا 8‏:51. \x* \v 24 ئۇلارغا: \m ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. \m \add شۇنى ئاڭلاپ\add* كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. \x + \xo 9:24 \xt يـۇھ. 11‏:11. \x* \v 25 كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى. \v 26 بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى. \b \m \s1 كور ۋە گاچا كىشىلەرنىڭ ساقايتىلىشى \m \v 27 ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: \m ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى.\f □ \fr 9:27 \ft \+bd «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز!»\+bd* ــ پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى» بولۇشى كېرەك. شۇڭا يەھۇدىيلار ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگەن بۇ نام مەسىھنى كۆرسىتەتتى.\f* \m \v 28 ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: \m ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. \m \v 29 ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: \m ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، \v 30 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: \m بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى. \x + \xo 9:30 \xt مات. 12‏:16؛ لۇقا 5‏:14. \x* \v 31 لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى.\x + \xo 9:31 \xt مار. 7‏:36. \x* \m \v 32 ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. \x + \xo 9:32 \xt مات. 12‏:22؛ لۇقا 11‏:14. \x* \v 33 ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: \m ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى. \m \v 34 لېكىن پەرىسىيلەر: \m ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى.\x + \xo 9:34 \xt مات. 12‏:24؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ خەلققە ئىچىنى ئاغرىتىشلىرى \m \v 35 ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. \x + \xo 9:35 \xt مار. 6‏:6؛ لۇقا 13‏:22. \x* \v 36 لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. \x + \xo 9:36 \xt يەر. 23‏:1؛ ئ‍ەز. 34‏:2؛ مار. 6‏:34. \x* \v 37 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: \m ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق \add ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن\add* ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. \x + \xo 9:37 \xt لۇقا 10‏:2؛ يـۇھ. 4‏:35. \x* \v 38 شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 9:38 \xt 2تېـس. 3‏:1. \x* \b \b \m \c 10 \s1 ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلىنى ئەۋەتىشى \r مار. 3‏:13-19؛ 6‏:7-13؛ لۇقا 6‏:12-16؛ 9‏:1-6 \m \v 1 ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.\f □ \fr 10:1 \ft \+bd «ناپاك روھلار»\+bd* ــ جىنلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:1 \xt مار. 3‏:13؛ لۇقا 6‏:13؛ 9‏:1. \x* \v 2 ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، \v 3 فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي،\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «فىلىپ ۋە بارتولوماي،...»\+bd* ــ «بارتولوماي»نىڭ باشقا بىر ئىسمى «ناتانىيەل» بولۇشى مۇمكىن («يۇھ.» 45:1). \+bd «لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي»\+bd* ــ ئىنجىلدىكى بەزى كونا كۆچۈرىمىلەردە پەقەت «تاداي» دېيىلىدۇ.\f* \v 4 مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون»\+bd* ــ ياكى، «قانائانلىق سىمون». «يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر» ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.\f* \m \v 5 ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى \add خەلقنىڭ ئارىسىغا\add* مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ \m يات ئەللىكلەرنىڭ يوللىرىغا چىقماڭلار، ياكى سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ كىرمەڭلار، \v 6 بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار.\x + \xo 10:6 \xt روس. 3‏:26؛ 13‏:26،46. \x* \v 7 بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار.\x + \xo 10:7 \xt لۇقا 9‏:2. \x* \v 8 ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس بېرىڭلار» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 10:8 \xt لۇقا 10‏:9؛ روس. 8‏:18،20. \x* \v 9 بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار. \x + \xo 10:9 \xt مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3؛ 22‏:35. \x* \v 10 سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر.\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «خۇرجۇن»\+bd* ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».\f*  \x + \xo 10:10 \xt لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 9‏:4،14؛ 1تىم. 5‏:18. \x* \m \v 11 ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار. \f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار»\+bd* ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. بۇ ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار \+bd بىزنىڭ\+bd* ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 10:11 \xt مار. 6‏:10؛ لۇقا 9‏:4؛ 10‏:8. \x* \v 12 بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار. \f □ \fr 10:12 \ft \+bd «بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «سالام» (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «(ساڭا) خاتىرجەملىك-ئامانلىق تىلەيمەن».\f* \v 13 ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر \add ھۆرمەتكە\add* لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن. \f □ \fr 10:13 \ft \+bd «ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا»\+bd* ــ ياكى «سالامغا لايىق بولغانلار بولسا». \+bd «ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن»\+bd* ــ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ لايىق ئىكەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇخلىسلار تىلىگەن ئامانلىقنىڭ چۈشۈش-چۈشمەسلىكى ئۇلارنىڭ مۇخلىسلارنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى بىلەن باغلىق ئىدى. 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 14 سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. \f □ \fr 10:14 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار»\+bd* ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.\f*  \x + \xo 10:14 \xt مار. 6‏:11؛ لۇقا 9‏:5؛ روس. 13‏:51؛ 18‏:6. \x* \v 15 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.\f □ \fr 10:15 \ft \+bd «سودوم ۋە گوموررا»\+bd* ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى ئىككى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش ھەمجىنسلىق زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان.\f*  \x + \xo 10:15 \xt مار. 6‏:11؛ لۇقا 10‏:12. \x* \b \m \s1 كەلگۈسىدىكى زىيانكەشلىك \r مار. 9‏:41؛ 13‏:9-13؛ لۇقا 12‏:2-9؛ 12‏:51-53؛ 14‏:27،26؛ 21‏:12-17 \m \v 16 مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار. \f □ \fr 10:16 \ft \+bd «يىلاندەك سەزگۈر... بولۇڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يىلاندەك ئاقىلانە ... بولۇڭلار».\f*  \x + \xo 10:16 \xt لۇقا 10‏:3. \x* \v 17 ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ. \f □ \fr 10:17 \ft \+bd «ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ»\+bd* ــ «سوت مەھكىمىلىرى» يەھۇدىيلارنىڭ مەھكىمىلىرىنى ۋە بەلكىم باشقا خەرھىل سوراقخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:17 \xt مات. 24‏:9؛ لۇقا 21‏:12؛ يـۇھ. 15‏:20؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:1. \x* \v 18 ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. \x + \xo 10:18 \xt روس. 24‏:1؛ 25‏:4. \x* \v 19 لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. \x + \xo 10:19 \xt مار. 13‏:11؛ لۇقا 12‏:11؛ 21‏:14. \x* \v 20 چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. \m \v 21 قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. \x + \xo 10:21 \xt مىك. 7‏:2، 5؛ لۇقا 21‏:16. \x* \v 22 شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. \x + \xo 10:22 \xt مات. 24‏:13؛ مار. 13‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:10؛ 3‏:10. \x* \v 23 ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش \add ۋەزىپىڭلار\add* تۈگىمەيدۇ.\x + \xo 10:23 \xt مات. 2‏:13؛ 4‏:12؛ 12‏:15؛ روس. 8‏:1؛ 9‏:25؛ 14‏:6. \x* \m \v 24 مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. \f □ \fr 10:24 \ft \+bd «مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈلەيدۇ، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 10:24 \xt لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 15‏:20. \x* \v 25 مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟\f □ \fr 10:25 \ft \+bd «ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە...»\+bd* ــ «ئۆينىڭ ئىگىسى» ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. «بەئەلزىبۇل» ــ جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتاننىڭ يەنە بىر ئىسمى. ئەيسا ئۆزى خەلق ئارىسىدا «ئالقىشلىق» بولمىسا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ھاقارەتكە ئۇچراشقا رازى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە؛ ھەتتا بۇ ئىشنى «خۇدا ئۆز نامى ئۈچۈن بىزگە ھاقارەتكە ئۇچراشقا ئىمتىياز بەردى» دەپ ھېسابلاش كېرەك («فىل.» 29:1نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 10:25 \xt مات. 9‏:34؛ 12‏:24؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15؛ يـۇھ. 8‏:48. \x* \m \v 26 شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. \x + \xo 10:26 \xt ئايۇپ 12‏:22؛ يەش. 8‏:12؛ يەر. 1‏:8؛ مار. 4‏:22؛ لۇقا 8‏:17؛ 12‏:2. \x* \m \v 27 مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار. \v 28 تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. \f □ \fr 10:28 \ft \+bd «لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «روھ-جان» ئىنسانلارنىڭ روھىي قىسمىنى، يەنى ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:28 \xt يەر. 1‏:8؛ لۇقا 12‏:4. \x* \v 29 ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. \f □ \fr 10:29 \ft \+bd «ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟»\+bd* ــ «بىر تىيىن» گرېك تىلىدا «ئاسسارىيون». شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/16 قىسمى ئىدى.\f* \v 30 ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. \x + \xo 10:30 \xt 1سام. 14‏:45. \x* \v 31 شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر! \m \v 32 شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ \x + \xo 10:32 \xt مار. 8‏:38؛ لۇقا 9‏:26؛ 12‏:8؛ 2تىم. 2‏:12. \x* \v 33 بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن. \b \m \s1 مۇخلىس بولغىنى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن \m \v 34 مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. \f □ \fr 10:34 \ft \+bd «... مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم»\+bd* ــ 38:5-48دە خاتىرىلەنگەندەك، ئەيسانىڭ ئېتىقادچىلارنى ئۇرۇشماسلىققا دەۋەت قىلىدىغان تەلىمىگە ئاساسەن، ئېتىقادچىلار قولىغا قىلىچ ئېلىشىغا بولمايدۇ شۇڭا مۇشۇ ئايەتتىكى «قىلىچ» (خۇدانىڭ سۆزلىرىگە رەنجىيدىغان ئادەمنىڭ قولىدا بولۇپ) ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققان قىلىچنى، ياكى كۆچمە مەنىدە «جېدەل-ماجىرا»نى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 10:34 \xt لۇقا 12‏:51. \x* \v 35 چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. \x + \xo 10:35 \xt مىك. 7‏:6. \x* \v 36 شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ».\f □ \fr 10:36 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر تەۋرات «مىك.» 6:7دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 10:36 \xt زەب. 41‏:9؛ 55‏:12-14؛ يـۇھ. 13‏:18. \x* \m \v 37 ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. \x + \xo 10:37 \xt لۇقا 14‏:26. \x* \v 38 ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. \f □ \fr 10:38 \ft \+bd «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس»\+bd* ــ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. كرېستلىنىش ئادەمنى قىينايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئۆلۈم جازا ئۇسۇلى بولۇپ، «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەننىڭ كۆپ مەنىلىرى ئىچىدە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالسا كېرەك: (1) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا، (2) تىل-ئاھانەت ئىشتىشكە، (3) خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، «ئۆز-ئۆزىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندەك» ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا تەييار بولۇش.\f*  \x + \xo 10:38 \xt مات. 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23؛ 14‏:27. \x* \v 39 ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. \x + \xo 10:39 \xt مات. 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25. \x* \v 40 سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. \x + \xo 10:40 \xt لۇقا 10‏:16؛ يـۇھ. 13‏:20. \x* \v 41 بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. \f □ \fr 10:41 \ft \+bd «بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى»\+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:41 \xt 1پاد. 17‏:10؛ 18‏:4؛ 2پاد. 4‏:8. \x* \v 42 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ.\x + \xo 10:42 \xt مات. 25‏:40؛ مار. 9‏:41؛ ئىبر. 6‏:10. \x* \b \b \m \c 11 \s1 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇمانىي سوئالى \r لۇقا 7‏:18-35 \m \v 1 ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە \add خۇدانىڭ كالامىنى\add* جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى.\f □ \fr 11:1 \ft \+bd «ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ... ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى»\+bd* ــ «شۇ يەر» گالىلىيەنى دېمەكچى.\f* \m \v 2 زىندانغا سولانغان يەھيا \add پەيغەمبەر\add* مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن:\x + \xo 11:2 \xt لۇقا 7‏:18. \x* \v 3 «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟»\+bd* ــ «كېلىشى مۇقەررەر زات» بولسا خۇدا ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، ئەلۋەتتە. يەھيا ئۆزى مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ «سەن بىز كۈتكەن كىشىمۇسەن» دەپ گۇمانلىنىپ سورايدۇ.\f* \m \v 4 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: \m ــ يەھيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىڭلارنى بايان قىلىپ ــ \v 5 كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.\x + \xo 11:5 \xt يەش. 29‏:18؛ 35‏:5؛ 61‏:1؛ لۇقا 4‏:18. \x* \v 6 ۋە \add ئۇنىڭغا يەنە\add*: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «ۋە (ئۇنىڭغا يەنە): «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار»\+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا يېتىپ: «ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بولسا نېمىشقا مېنى زىنداندىن قۇتقۇزمىغان؟» ــ دەپ گۇمانلانغان بولسا كېرەك ئىدى. يەھيانىڭ بۇ سوئالى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 7 ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى: \m ــ «سىلەر ئەسلى \add يەھيانى ئىزدەپ\add* چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟\x + \xo 11:7 \xt لۇقا 7‏:24. \x* \v 8 ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! \v 9 ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، \add بۇ بولسا\add* پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. \v 10 چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردىكى\add*: ــ \m «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ \m ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» \m ــ دەپ پۈتۈلگەن سۆز دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ»\+bd* ــ تەۋرات، «مال.» 1:3، «يەش.» 3:40.\f*  \x + \xo 11:10 \xt مىس. 23‏:20؛ مال. 3‏:1؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 7‏:27. \x* \v 11 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ. \v 12 ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ. \f □ \fr 11:12 \ft \+bd «ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «ئەرش پادىشاھلىقى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. زوراۋانلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتا». بىراق بىزنىڭچە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئاساسەن «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئاسان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇنىڭغا ھەرخىل ھۇجۇملار قىلىنىدۇ؛ لېكىن ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار، ئىرادىسى قەتئىي ئادەملەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ». يەنە «لۇقا» 16:16نى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە يەنە، 12-14-ئايەتلەر «مىك.» 12:2-13 بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «مىكاھ»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:12 \xt لۇقا 16‏:16. \x* \v 13 چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. \v 14 ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «\add قايتىپ\add* كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس \add پەيغەمبەر\add*» بولسا، \add يەھيانىڭ\add* ئۆزىدۇر. \f □ \fr 11:14 \ft \+bd «ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «قايتىپ كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس پەيغەمبەر» بولسا، يەھيانىڭ ئۆزىدۇر»\+bd* ــ تەۋراتتا، يەنى «مال.» 5:4-6دە، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن ئاۋۋال ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. يەھۇدىيلار مەسىھنىڭ كېلىشىنى كۈتكەچكە، بۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئىلىياسنىڭ ئاۋۋال كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانىدى. يەھيا پەيغەمبەر ئىلياس پەيغەمبەردەك كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەن («لۇقا» 13:1-17نى كۆرۈڭ). شۇڭا مەسىھ ئەيسا بۇ بېشارەت ئۇنىڭ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان، دەپ ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، (يەھۇدىي خەلقى «ئاۋۋالقى ئىلياس» بولغان يەھيانىڭ خەۋىرىنى رەت قىلغان بولغاچقا) مەسىھنىڭ قىيامەت كۈنىدە دۇنياغا قايتىپ كېلىشىدىن ئاۋۋالمۇ ئىلياس پەيغەمبەر ئۆزى قايتىدىن پەيدا بولىدۇ دەپ ئىشەنچىمىز بار (يەنە «مال.» 5:4-6نى ۋە «مار.» 11:9-13نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:14 \xt مال. 3‏:23؛ لۇقا 1‏:17. \x* \v 15 ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! \m \v 16 لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە: \x + \xo 11:16 \xt لۇقا 7‏:31. \x* \v 17 «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ \add قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز\add* بالىلارغا ئوخشايدۇ. \v 18 چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، \add شاراب\add* ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ. \f □ \fr 11:18 \ft \+bd «يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەھيا كېلىپ، نە يېمەيدۇ نە ئىچمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھيا پەيغەمبەر ئىنتايىن غورىگىل ئوزۇقلىناتتى، پات-پات روزا تۇتاتتى. «مات.» 4:3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:18 \xt مات. 3‏:4؛ مار. 1‏:6. \x* \v 19 ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».\f □ \fr 11:19 \ft \+bd «لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «دانالىق بولسا ئۆز ئىش-مېۋىلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». بۇ قىسقا ئايەت ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مۇھىم پرىنسىپلار توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 ئەيسانى چەتكە قاققان شەھەرلەر \r لۇقا 10‏:13-15 \m \v 20 ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ \x + \xo 11:20 \xt لۇقا 10‏:13. \x* \m \v 21 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا...»\+bd* ــ تۇر ۋە زىدون ئەسلى بۇتپەرەس «يات ئەللەر»نىڭ شەھەرلىرى ئىدى. مەسىلەن، «ئەزاكىيال» 26-29-بابنى كۆرۈڭ ــ ئىككى شەھەر بۇ بابلاردا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىنىدۇ. «زىدون» گرېك تىلىدا «سىدون» دېيىلىدۇ. \+bd «ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى»\+bd* ــ «بۆزگە (ماتاغا) يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىش» ــ كونا زامانلاردا قاتتىق پۇشايمان قىلىش، گۇناھلارغا توۋا قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.\f*  \x + \xo 11:21 \xt 2سام. 13‏:19؛ 2پاد. 6‏:30؛ 19‏:1. \x* \v 22 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. \x + \xo 11:22 \xt مات. 10‏:15. \x* \v 23 ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. \f □ \fr 11:23 \ft \+bd «ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي سىلەر كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟». لېكىن بىزنىڭچە «ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دېگىنى توغرا بولۇپ، بۇ سۆز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن زور ئىمتىياز-ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سودوم شەھىرى»\+bd* ــ 15:10نى، «يار.» 16:18-29:19نى كۆرۈڭ.\f* \v 24 ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ.\x + \xo 11:24 \xt مات. 10‏:15. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ خۇشاللىقى \r لۇقا 10‏:21-22 \m \v 25 شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: \m ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ \add ھەقىقەتلەرنى\add* دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن! \x + \xo 11:25 \xt ئايۇپ 5‏:12؛ يەش. 29‏:14؛ لۇقا 10‏:21؛ 1كور. 1‏:19؛ 2‏:7، 8. \x* \v 26 بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. \m \v 27 ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ.\x + \xo 11:27 \xt مات. 28‏:18؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 3‏:35؛ 6‏:46. \x* \m \v 28 ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. \v 29 مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. \x + \xo 11:29 \xt زەب. 45‏:4؛ يەر. 6‏:16؛ زەك. 9‏:9\x* \v 30 چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.\x + \xo 11:30 \xt 1يۇھ. 5‏:3. \x* \b \b \m \c 12 \s1 ئەيسا «شابات»نىڭ ئىگىسىدۇر •••• «شابات كۈنى» توغرۇلۇق 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \r مار. 2‏:23-28؛ لۇقا 6‏:1-5 \m \v 1 شۇ چاغلاردا بىر شابات كۈنى، ئەيسا بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈپ، يېيىشكە باشلىدى.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ شەنبە كۈنى، تەۋرات كالېندارى بويىچە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەربىر ئىنسان ۋە مال-چارۋىلارمۇ شۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش-خىزمەت قىلماي، دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:1 \xt قان. 23‏:24؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1. \x* \v 2 لېكىن بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: \m ــ قارا، مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى.\f □ \fr 12:2 \ft \+bd «مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ»\+bd* ــ «چەكلەنگەن ئىش» توغرۇلۇق ــ تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن. تەۋرات قانۇنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى «خامان تېپىش» «خىزمەت» دەپ قارىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق ئىش دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر مۇخلىسلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى «خامان تەپكەنلىككە باراۋەر» دەپ قارىغان. ئەمدى باشاقلارنى ئۈزۈپ يېيىش زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى ئوخشاش ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر مەسىھنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆزى بىرنېمە دېسۇن! «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:2 \xt مىس. 20‏:10. \x* \m \v 3 بىراق ئۇ ئۇلارغا: \m ــ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى \add مۇقەددەس يازمىلاردىن\add* ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟\f □ \fr 12:3 \ft \+bd «داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟»\+bd* ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبىلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى.\f* \v 4 ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، \add خۇداغا\add* ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى \add سوراپ ئېلىپ\add*، ئۇلارنى \add ھەمراھلىرى\add* بىلەن بىللە يېگەن. ئەسلىدە بۇ نانلارنى پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولاتتى.\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «\+bd*\+bdit داۋۇت\+bdit* خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ، ئۇلارنى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 12:4 \xt مىس. 29‏:33؛ لاۋ. 24‏:9؛ 1سام. 21‏:6. \x* \m \v 5 سىلەر تەۋراتتىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانسىلەركى، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان كاھىنلار شابات كۈنلىرى ئىشلەپ شابات تەرتىپىنى بۇزسىمۇ، گۇناھقا بۇيرۇلمايدۇ.\x + \xo 12:5 \xt چۆل. 28‏:9. \x* \v 6 بىراق مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار.\x + \xo 12:6 \xt 2تار. 6‏:18. \x* \v 7 ئەمدىلىكتە ئەگەر سىلەر \add خۇدانىڭ\add* «\add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭلار، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار دەپ بېكىتمەيتتىڭلار.\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت»\+bd* ــ «ھوش.» 6:6دىن ئېلىنغان سۆز (13:9نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 12:7 \xt ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 23‏:23. \x* \v 8 چۈنكى ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.\x + \xo 12:8 \xt مار. 2‏:28؛ لۇقا 6‏:5. \x* \b \m \s1 شابات كۈنىدە بىمارنى ساقايتىشقا بولامدۇ؟ \r مار. 3‏:1-6؛ لۇقا 6‏:6-11 \m \v 9 ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. \f □ \fr 12:9 \ft \+bd «ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى»\+bd* ــ «ئۇلار» بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «پەرىسىيلەر»نى كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 12:9 \xt مار. 3‏:1؛ لۇقا 6‏:6. \x* \v 10 ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن: \m ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 12:10 \xt لۇقا 14‏:3. \x* \m \v 11 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ \x + \xo 12:11 \xt مىس. 23‏:4؛ قان. 22‏:4. \x* \v 12 ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. \x + \xo 12:12 \xt يار. 1‏:27. \x* \v 13 ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: \m ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى»\+bd* ــ «ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» دېگەن پېئىلنىڭ «مەجھۇل شەكلى» بولۇپ، بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزە «شابات كۈنىدە يارىتىلغانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟\f* \m \v 14 بىراق پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.\x + \xo 12:14 \xt مار. 3‏:6؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:39؛ 11‏:53. \x* \b \m \s1 خۇدا تاللىغان قۇل \m \v 15 ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛ \x + \xo 12:15 \xt مات. 10‏:23. \x* \v 16 ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى. \x + \xo 12:16 \xt مات. 9‏:30؛ لۇقا 5‏:14. \x* \v 17 بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: \b \m \v 18 ــ «قاراڭلار، مانا مەن تاللىغان ئۆز قۇلۇم! \m مېنىڭ سۆيۈملۈكىم، دىلىمنىڭ سۆيۈنگىنى! \m مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ.\f □ \fr 12:18 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 42-بابتىلى ئىزاھتلارنىمۇ كۆرۈڭ. \fp «ئەللەر» بولسا مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەر، جاهاندىكى بارلىق مىللەتلەترنى كۆرسىتىدۇ. \fp «ھۆكۈم-ھەقىقەت» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق: ــ بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا (تەۋراتتىكى ئەينى بېشارەتتتە) «مىشپات» دېيىلىدۇ، ئۇ تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى خۇدانىڭ «ھەققانىي قۇلى»نىڭ: ــ \fp (1) خۇدانىڭ بۇتلار توغرۇلۇق ھۆكۈمى، يەنى «خۇدا دېگەن تىرىك ھەم بىردۇر، بۇتلار يوقتىن بولغان نەرسە» دېگەن ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىشىنى (ھەقىقەتسىزلەر ھەقىقەتكە ئېرىشىدۇ). \fp (2) خۇدانىڭ ئادىل قانۇن-پەرمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى؛ \fp (3) ھەرخىل خاتا ئۇقۇملارنى ۋە كۆزقاراشلارنى تۈزىتىپ توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈشىنى؛ \fp (4) ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىپ، ئۇۋال بولغانلارغا ئادالەتنى يەتكۈزۈشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:18 \xt يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \m \v 19 ئۇ نە تالاش-تارتىش قىلمايدۇ نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ، \m كوچىلاردا ئۇنىڭ كۆتۈرگەن ئاۋازىنى ھېچ ئاڭلىغۇچى بولمايدۇ. \m \v 20 تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، \m يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، \m تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛\f □ \fr 12:20 \ft \+bd «تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە...»\+bd* ــ «ھۆكۈم-ھەقىقەت» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق يۇقىرىقى 19-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 21 ۋە ئەللەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ».\x + \xo 12:21 \xt يەش. 42‏:1-4. \x* \b \m \s1 مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش \r مار. 3‏:20-30؛ لۇقا 11‏:14-23؛ 12‏:10 \m \v 22 شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. \x + \xo 12:22 \xt مات. 9‏:32؛ لۇقا 11‏:14. \x* \v 23 بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: \m ــ ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.\x + \xo 12:23 \xt يـۇھ. 4‏:29. \x* \m \v 24 لېكىن پەرىسىيلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: \m ــ ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزىبۇبقا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن، دېيىشتى.\x + \xo 12:24 \xt مات. 9‏:34؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15. \x* \m \v 25 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. \v 26 ئەگەر شەيتان شەيتاننى قوغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ \v 27 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! \f □ \fr 12:27 \ft \+bd «ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى شەرھى بار: ــ \fp (1) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ پەرىسىيلەرنىڭ ئۆز تالىپ-ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا پەرىسىيلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرى جىنلارنى ھېچ ھەيدىيەلمەيتتى. ئۇنداقتا شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىغا ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئەيسا ۋە مۇرىتلىرىمۇ، ياكى پەرىسىيلەرمۇ؟ پەرىسىيلەرنىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جىننى ھەيدەشكە كۈچسىز بولغانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. \fp (2) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى (ئىسرائىللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى) كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئەيسالا ئەمەس، ئۇلارمۇ جىنلارنى ھەيدىيەلەيدىغان بولغان؛ شۇڭا ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ خۇدانىڭ كۈچى بىلەن جىن-شەيتانلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. \fp بىزنىڭچە (1)-كۆزقاراش توغرا. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 28 لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى. \m \v 29 بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا، ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.\f □ \fr 12:29 \ft \+bd «بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟...»\+bd* ــ بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.\f* \m \v 30 مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە \add ئادەملەرنى\add* يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. \m \v 31 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرتۈرلۈك گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ. \x + \xo 12:31 \xt مار. 3‏:28؛ لۇقا 12‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:16. \x* \v 32 ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.\f □ \fr 12:32 \ft \+bd «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ»\+bd* ــ «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» ياكى «مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 12:32 \xt چۆل. 15‏:30؛ 1سام. 2‏:25؛ 1يۇھ. 5‏:16. \x* \b \m \s1 ئادەمنى ئەمەللىرىدىن تونۇش \r لۇقا 6‏:43-45 \m \v 33 دەرەخ ياخشى بولسا، مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ ــ ياكى دەرەخ پور بولسا، مېۋىسىمۇ ناچار بولىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق دەرەخ ئۆز مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ.\x + \xo 12:33 \xt مات. 7‏:18. \x* \m \v 34 ئەي يىلانلارنىڭ پەرزەنتلىرى! سىلەر رەزىل تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى سۆز چىقسۇن؟ چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە تولۇپ تاشقان بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. \x + \xo 12:34 \xt زەب. 40‏:9-10؛ مات. 3‏:7؛ لۇقا 6‏:45. \x* \v 35 ياخشى ئادەم ئۆز ياخشى خەزىنىسىدىن ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. يامان ئادەم يامان خەزىنىسىدىن يامان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. \v 36 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق سۆزى ئۈچۈن سوراق كۈنى ھېساب بېرىدۇ. \x + \xo 12:36 \xt توپ. 12‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:4. \x* \v 37 چۈنكى ئۆز سۆزلىرىڭ بىلەن يا ھەققانىي ئىسپاتلىنىسەن، يا سۆزلىرىڭلار بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلىسەن.\x + \xo 12:37 \xt 2سام. 1‏:16؛ لۇقا 19‏:22. \x* \b \m \s1 مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىش تەلىپى \r مار. 8‏:11-12؛ لۇقا 11‏:29-32 \m \v 38 شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار، ــ دېدى. \f □ \fr 12:38 \ft \+bd «ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار»\+bd* ــ پەرىسىيلەر ئەيسادىن تەلەپ قىلغان «ئالامەت» بولسا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆزىزىلىك ئالامەت، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 12:38 \xt مات. 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 1كور. 1‏:22. \x* \v 39 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر بىر «ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق مۆجىرىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. \v 40 چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ. \x + \xo 12:40 \xt يۇن. 2‏:1،11 \x* \v 41 سوراق كۈنى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس \add پەيغەمبەر\add* جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ، \add يامانلىقىدىن\add* توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس \add پەيغەمبەر\add*دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ!\f □ \fr 12:41 \ft \+bd «مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەر دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ!»\+bd* ــ بۇ 39-41-ئايەتلەردە ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تىرىك چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. تەۋرات، «يۇنۇس» 1-2-بابلارنى ۋە شۇ كىتابتىكى «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ ھەم ئۇشبۇ كىتابتىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ» ــ دېمەك، «بۇتپەرەس نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بولغان مەسىھ سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار».\f*  \x + \xo 12:41 \xt يۇن. 3‏:5؛ لۇقا 11‏:32. \x* \m \v 42 سوراق كۈنى «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، ھازىر مۇشۇ يەردە سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ.\f □ \fr 12:42 \ft \+bd «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ»\+bd* ــ يەنى «شەبانىڭ ئايال پادىشاھى». «شەبا» جەنۇبىي ئەرەبىستان ياكى ئېفىئوپىيەنى كۆرسىتىدۇ. «1پاد.» 1:10-10نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:42 \xt 1پاد. 10‏:1؛ 2تار. 9‏:1؛ لۇقا 11‏:31. \x* \b \m \s1 ناپاك روھنىڭ قايتىپ كېلىشى \r لۇقا 11‏:24-26 \m \v 43 ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قۇرغاق دالالارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ، بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ \f □ \fr 12:43 \ft \+bd «ناپاك روھ»\+bd* ــ جىننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:43 \xt لۇقا 11‏:24. \x* \v 44 ۋە: «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، \v 45 بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ.\f □ \fr 12:45 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ تەمسىل: (1) جىن چاپلىشىشتىن قۇتقۇزۇلغان ئادەمنىڭ ھەقىقىي بىر خەتىرىنى؛ (2) يەھۇدىي خەلقنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:45 \xt ئىبر. 6‏:4، 5؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:20. \x* \b \m \s1 مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم كىم؟ \r مار. 3‏:31-35؛ لۇقا 8‏:19-21 \m \v 46 ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. \x + \xo 12:46 \xt مار. 3‏:31؛ لۇقا 8‏:20. \x* \v 47 شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: \m ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ تاشقىرىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. \m \v 48 لېكىن ئۇ جاۋابەن شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىدىن: «كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟» ــ دەپ سورىدى. \v 49 ئاندىن ئۇ قولىنى سوزۇپ مۇخلىسلىرىنى كۆرسىتىپ: \m ــ مانا مېنىڭ ئانام، مانا مېنىڭ ئىنىلىرىم! \v 50 چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى.\x + \xo 12:50 \xt يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11. \x* \b \b \m \c 13 \s1 ئەرش پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى يەتتە تەمسىل •••• «1» ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىل \r مار. 4‏:1-9؛ لۇقا 8‏:4-8 \m \v 1 شۇ كۈنى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، دېڭىز بويىدا ئولتۇراتتى.\x + \xo 13:1 \xt مار. 4‏:1؛ لۇقا 8‏:4، 5. \x* \v 2 ئەتراپىغا توپ-توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇرۇشاتتى.\x + \xo 13:2 \xt لۇقا 5‏:3. \x* \v 3 ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ، مۇنداق دېدى: \m ــ مانا، ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى \add ئېتىزغا\add* چىقىپتۇ. \v 4 ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. \m \v 5 بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، \v 6 لېكىن كۈن چىقىشى بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. \v 7 بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. \v 8 بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. \v 9 قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! \b \m \s1 تەمسىللەرنىڭ مەقسىتى \r مار. 4‏:10-12؛ لۇقا 8‏:9-10 \m \v 10 مۇخلىسلىرى كېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ \m سەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا تەمسىللەر ئارقىلىق تەلىم بېرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 13:10 \xt مار. 4‏:10؛ لۇقا 8‏:9. \x* \m \v 11 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى. \f □ \fr 13:11 \ft \+bd «ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى»\+bd* ــ ئىنجىلدا «سىرلار» ئەسلىدە ئىنسانلارغا ئاشكارىلانمىغان، ھازىر مەسىھ ياكى روسۇللىرى ئارقىلىق ئايان قىلىنغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنجىلدىكى بەزى «سىرلار» ئىنتايىن سىرلىق، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 13:11 \xt مات. 11‏:25؛ 2كور. 3‏:14. \x* \v 12 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.\f □ \fr 13:12 \ft \+bd «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ...»\+bd* ــ «كىمدە بار بولسا... » دېگەندە، «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە چوقۇم ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەربىرنېمە بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مەسىھدىنلا تاپالايمىز، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 13:12 \xt مات. 25‏:29؛ مار. 4‏:24،25؛ لۇقا 8‏:18؛ 19‏:26. \x* \m \v 13 ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. \v 14 بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: \b \m ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ \m قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر. \x + \xo 13:14 \xt يەش. 6‏:9-10؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8. \x* \m \v 15 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، \m ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، \m ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇخلىغاندەك يۇمۇۋالغان؛ \m ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، \m قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، \m كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، \m ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، \m مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم.\f □ \fr 13:15 \ft \+bd «مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن... ئۇنداق بولمىسىدى، ... كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»\+bd* ــ تولۇق بېشارەت تەۋرات، «يەش.» 9:6-10دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 13:15 \xt يەش. 6‏:9-10\x* \b \m \v 16 لېكىن، كۆزلىرىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار كۆرىدۇ؛ قۇلىقىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار ئاڭلايدۇ. \x + \xo 13:16 \xt لۇقا 10‏:23؛ يـۇھ. 20‏:29؛ 1پېت. 1‏:8. \x* \v 17 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ھەققانىي ئادەملەر سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغان.\x + \xo 13:17 \xt 1پېت. 1‏:10. \x* \b \m \s1 ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى \r مار. 4‏:13-20؛ لۇقا 8‏:11-15 \m \v 18 ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار:\x + \xo 13:18 \xt مار. 4‏:13؛ لۇقا 8‏:11. \x* \v 19 ئەگەر بىرى \add ئەرش\add* پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.\f □ \fr 13:19 \ft \+bd «ئەگەر بىرى ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە..»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئەرش پادىشاھلىقى» گرېك تىلىدا پەقەت «پادىشاھلىق» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 13:19 \xt مات. 4‏:23. \x* \v 20 تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. \f □ \fr 13:20 \ft \+bd «تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ»\+bd* ــ «سۆز-كالام» بولسا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالامدۇر.\f* \v 21 ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. \v 22 تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى \add قەلبىدىكى\add* سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. \x + \xo 13:22 \xt مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23؛ لۇقا 18‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. \x* \v 23 لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. \b \m \s1 «2» كۈرمەك، يەنى «مەستەك» توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 24 ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر تەمسىلنى بايان قىلدى: ــ \m ــئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. \v 25 ئەمما كىشىلەر ئۇيقۇغا چۆمگەن چاغدا، دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ. \f □ \fr 13:25 \ft \+bd «...دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئايانكى، بۇ تەمسىلدىكى «كۈرمەك» (ياكى «مەستەك») ئاۋۋال بۇغدايغا ئوپئوخشاش شەكىلدە ئۆسىدۇ. پەقەت باش ئېلىشى بىلەن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.\f* \v 26 ئەمدى مايسىلار ئۆسۈپ، باشاق چىقارغاندا، كۈرمەكمۇ ئاشكارلىنىشقا باشلاپتۇ. \m \v 27 خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ «ئەپەندى، سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئەمەسمىدىڭىز؟ كۈرمەكلەر نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. \m \v 28 خوجايىن: «بۇنى بىر دۈشمەن قىلغان» ــ دەپتۇ. \m چاكارلار ئۇنىڭدىن: «سىز بىزنى بېرىپ ئۇلارنى ئوتىۋېتىڭلار دېمەكچىمۇ؟» ــ دەپ سوراپتۇ. \m \v 29 «ياق،» ــ دەپتۇ خوجايىن، «ئۇنداق قىلغاندا كۈرمەكلەرنى يۇلغاندا، بۇغدايلارنىمۇ يۇلۇۋېتىشىڭلار مۇمكىن. \v 30 بۇ ئىككىسى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسسۇن، ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ــ ئالدى بىلەن كۈرمەكلەرنى ئايرىپ يىغىپ، باغلاپ كۆيدۈرۈشكە قويۇڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا ئەكىرىڭلار، دەيمەن» ــ دەپتۇ خوجايىن.\x + \xo 13:30 \xt مات. 3‏:12. \x* \b \m \s1 «3» قىچا توغرىسىدىكى ۋە «4» ئېچىتقۇ توغرىسىدىكى تەمسىللەر \r مار. 4‏:30-34؛ لۇقا 13‏:18-21 \m \v 31 ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: \m ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەم قولىغا ئېلىپ ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. \x + \xo 13:31 \xt مار. 4‏:30؛ لۇقا 13‏:18. \x* \v 32 قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.\f □ \fr 13:32 \ft \+bd «قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ...»\+bd* ــ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قىچا» ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 33 ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: \m ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ.\f □ \fr 13:33 \ft \+bd «ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ»\+bd* ــ «ئۈچ جاۋۇر» (ياكى «ئۈچ كۈرە») ــ گرېك تىلىدا «ئۈچ ساتون (سېئاھ)». بىر سېئاھ 7 كىلوگرام. بۇ خېلى كۆپ ئۇن بولۇپ، يۈز ئادەمنىڭ تامىقىغا يېتەتتى. «يار.» 6:18نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:33 \xt لۇقا 13‏:20،21. \x* \m \v 34 ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىلسىز ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. \x + \xo 13:34 \xt مار. 4‏:33. \x* \v 35 بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: \b \m ــ «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، \m ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن».\f □ \fr 13:35 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى...»\+bd* ــ قايسى پەيغەمبەر ئىكەنلىكى مۇشۇ يەردە ئېيتىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ زەبۇردىكى بىرنەچچە كۈيلەرنىڭ مۇئەللىپى ئاساف ئىدى. \+bd «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن»\+bd* ــ «زەب.» 2:78.\f*  \x + \xo 13:35 \xt زەب. 78‏:2\x* \b \m \s1 كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى \m \v 36 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىردى. مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: \m ــ ئېتىزلىقتىكى كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنى بىزگە شەرھلەپ بەرسەڭ، ــ دەپ ئۆتۈندى.\f □ \fr 13:36 \ft \+bd «شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ...»\+bd* ــ ياكى «شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ...».\f* \m \v 37 ئۇ ئەمدى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: \m ــ ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان كىشى ئىنسانئوغلىدۇر. \v 38 ئېتىزلىق بولسا ــ دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا \add ئەرش\add* پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. \v 39 كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر. \x + \xo 13:39 \xt يو. 3‏:13؛ ۋەھ. 14‏:15. \x* \v 40 كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. \v 41 ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، \v 42 خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. \x + \xo 13:42 \xt مات. 8‏:12؛ 22‏:13؛ 24‏:51؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28. \x* \v 43 ئۇ چاغدا ھەققانىيلار ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا خۇددى قۇياشتەك جۇلالىنىدۇ. \m ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!\x + \xo 13:43 \xt دان. 12‏:3؛ 1كور. 15‏:42. \x* \b \m \s1 «5» خەزىنە توغرىسىدىكى ۋە «6» قىممەتلىك مەرۋايىت توغرىسىدىكى تەمسىللەر \m \v 44 ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، خەزىنىنىڭ شاد-خۇراملىقى ئىچىدە بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ.\x + \xo 13:44 \xt فىل. 3‏:7. \x* \m \v 45 يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. \f □ \fr 13:45 \ft \+bd «ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەر... »\+bd* ــ گرېك تىلىدىكى «ئېسىل» «گۈزەل» دېگەن مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 46 سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ. \b \m \s1 «7» تور تاشلاش توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 47 ــ يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. \v 48 تور توشقاندا، \add بېلىقچىلار\add* ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، قاچىلارغا قاچىلاپ، ئەرزىمەسلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. \v 49 زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ \v 50 ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.\x + \xo 13:50 \xt مات. 13‏:42. \x* \m \v 51 ئەيسا ئۇلاردىن: \m ــ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى. \m چۈشەندۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. \m \v 52 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ شۇڭا، ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ تەلىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ مۇخلىس بولغان ھەربىر تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن يېڭى ھەم كونا نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ تارقاتقۇچى ئۆي خوجايىنىغا ئوخشايدۇ، ــ دېدى. \b \m \s1 ناسارەتلىكلەرنىڭ ئەيسانى چەتكە قېقىشى \r مار. 6‏:1-6؛ لۇقا 4‏:16-30 \m \v 53 ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇنداق بولدىكى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، \x + \xo 13:53 \xt مار. 6‏:1؛ لۇقا 4‏:16. \x* \v 54 ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: \m ــ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟ \x + \xo 13:54 \xt مار. 6‏:2. \x* \v 55 ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم، ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمون ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ ئىنىلىرى ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 13:55 \ft \+bd «ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم... ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئادەملەر ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تونۇلۇشى كېرەك ئىدى. يالغۇز ئانىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزى بىرخىل ھاقارەت ئىدى.\f*  \x + \xo 13:55 \xt يـۇھ. 6‏:42. \x* \v 56 ئۇنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ ــ دېيىشەتتى. \v 57 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.\x + \xo 13:57 \xt مار. 6‏:4؛ لۇقا 4‏:24؛ يـۇھ. 4‏:44. \x* \m \v 58 ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ئۇ ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى. \b \b \m \c 14 \s1 چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى \r مار. 6‏:14-29؛ لۇقا 9‏:7-9 \m \v 1 ئۇ چاغلاردا، ھېرود ھاكىم ئەيسانىڭ نام-شۆھرىتىدىن خەۋەر تېپىپ،\f □ \fr 14:1 \ft \+bd «ھېرود ھاكىم»\+bd* ــ «ھاكىم» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز «زېمىننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى تۆت قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، ھەربىر قىسمىنىڭ «تېترارق»ى بار ئىدى. \fp ھېرودنىڭ تولۇق ئىسمى «ھېرود ئانتىپاس» بولۇپ، بەزى يەرلەردە «ھېرود پادىشاھ» ياكى «ھېرود خان» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ گالىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاكىسى «ھېرود ئارخېلائۇس» ئىدى (22:2). \fp \fp «ھېرودلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:1 \xt مار. 6‏:14؛ لۇقا 9‏:7. \x* \v 2 خىزمەتكارلىرىگە: \m ــ بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسەتمەكتە، ــ دېدى. \m \v 3 ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ \add ئۆگەي\add* ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى.\f □ \fr 14:3 \ft \+bd «ھېرود... ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى»\+bd* ــ يەھيانى تۇتۇش «ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن» ــ ھېرود بەلكىم ھېرودىيەنىڭ بىۋاسىتە تەلىپىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. \fp ھېرود ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى فىلىپتىن تارتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ئاجرىشىشقا قايىل قىلىپ، ھېرودىيە بىلەن ئۆزى توي قىلغانىدى.\f*  \x + \xo 14:3 \xt مار. 6‏:17؛ لۇقا 3‏:19. \x* \v 4 چۈنكى يەھيا ھېرودقا \add تەنبىھ بېرىپ\add*: «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى.\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر»\+bd* ــ «لاۋ.» 18:16، 21:20دە، بىرسىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ھايات ئەھۋالدا، بىرىنىڭ ئايالىنى يەنە بىرى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.\f*  \x + \xo 14:4 \xt لاۋ. 18‏:16. \x* \v 5 ھېرود \add شۇ سەۋەبتىن\add* يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى.\x + \xo 14:5 \xt مات. 21‏:26. \x* \m \v 6 ئەمما ھېرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەنگەندە، ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرودقا بەك ياقتى؛\f □ \fr 14:6 \ft \+bd «ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى»\+bd* ــ «ھېرودىيەنىڭ قىزى» ــ ھېرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى.\f*  \x + \xo 14:6 \xt يار. 40‏:20؛ مار. 6‏:21. \x* \v 7 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھەرنېمە تىلىسەڭ شۇنى ساڭا بېرەي، دەپ قەسەم قىلدى.\x + \xo 14:7 \xt ھاك. 11‏:30. \x* \v 8 لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: \m ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكەلسىلە، ــ دېدى. \v 9 پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، \add كاللىسىنى\add* ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. \f □ \fr 14:9 \ft \+bd «پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ،...»\+bd* ــ ھېرود ھاكىم بەزىدە «پادىشاھ» دېيىلەتتى.\f* \v 10 ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. \v 11 شۇنىڭ بىلەن كاللىسى بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. \v 12 \add يەھيانىڭ\add* مۇخلىسلىرى بولسا بېرىپ، جەسەتنى ئېلىپ دەپنە قىلدى؛ ئاندىن بېرىپ ئەيساغا بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى تويغۇزۇشى \r مار. 6‏:30-44؛ لۇقا 9‏:10-17؛ يـۇھ. 6‏:1-14 \m \v 13 ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز پىنھان بىر جايغا كېتەي دەپ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. خالايىق بۇنىڭ خەۋىرىنى تاپقاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. \x + \xo 14:13 \xt مات. 12‏:15؛ مار. 6‏:31؛ لۇقا 9‏:10. \x* \v 14 ئۇ \add قىرغاققا\add* چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى.\x + \xo 14:14 \xt مات. 9‏:36؛ يـۇھ. 6‏:5. \x* \m \v 15 كەچ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئاندىن ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوزۇق سېتىۋالسۇن، ــ دېدى.\x + \xo 14:15 \xt مار. 6‏:35؛ لۇقا 9‏:12. \x* \m \v 16 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. \m \v 17 لېكىن مۇخلىسلار: \m ــ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، ــ دېيىشتى. \m \v 18 ئۇ: ــ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. \m \v 19 ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ \add خۇداغا\add* تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. \x + \xo 14:19 \xt 1سام. 9‏:13. \x* \v 20 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. \add مۇخلىسلار\add* ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. \f □ \fr 14:20 \ft \+bd «مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى... تېرىۋالدى». مۇخلىسلار ئىكەنلىكى «مات.» 9:16-10دە ئىسپاتلىنىدۇ. \+bd «لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى»\+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەت.\f* \v 21 ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى. \b \m \s1 سۇ ئۈستىدە مېڭىش \r مار. 6‏:45-52؛ يـۇھ. 6‏:16-21 \m \v 22 ئارقىدىلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغۇچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. \x + \xo 14:22 \xt مار. 6‏:45؛ يـۇھ. 6‏:17. \x* \v 23 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خىلۋەت تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. \x + \xo 14:23 \xt مار. 6‏:46؛ يـۇھ. 6‏:15. \x* \v 24 بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى، لېكىن شامال قارشى يۆنلىشىتىن چىقىۋاتقاچقا، كېمە دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تۇراتتى.\f □ \fr 14:24 \ft \+bd «كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى»\+bd* ــ ياكى «كېمە دېڭىز ئوتتۇرىسىدا يۈرگەندىدى...».\f* \m \v 25 كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. \f □ \fr 14:25 \ft \+bd «كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا...»\+bd* ــ بىر كېچە تۆت جېسەككە بۆلۈنەتتى؛ شۇڭا بۇ ۋاقىت تاڭ ئاتاي دېگەن ۋاقىت ئىدى.\f* \v 26 مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ــ ئالۋاستى ئىكەن! ــ دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى. \m \v 27 لېكىن ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: \m ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. \m \v 28 پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ ئى رەب، بۇ سەن بولساڭ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭغا بېرىشىمغا ئەمر قىلغايسەن، ــ دېدى. \m \v 29 كەل، ــ دېدى ئۇ. \m پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيساغا قاراپ كېتىۋاتاتتى؛ \v 30 لېكىن بوراننىڭ قاتتىق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى: ــ رەب، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى. \m \v 31 ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: \m ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىز بەندە، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ ــ دېدى. \m \v 32 ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. \v 33 كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: \m ــ بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دېيىشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ گىننىسارەتتە بىمارلارنى ساقايتىشى \r مار. 6‏:53-56 \m \v 34 ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، گىننىسارەت يۇرتىدا \add قۇرۇقلۇققا\add* چىقتى. \x + \xo 14:34 \xt مار. 6‏:53. \x* \v 35 ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ \v 36 ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى. \b \b \m \c 15 \s1 ئەنئەنىمىز مۇھىممۇ ياكى خۇدانىڭ ئەمرى مۇھىممۇ ــ ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟ \r مار. 7‏:1-23 \m \v 1 بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:\x + \xo 15:1 \xt مار. 7‏:1. \x* \v 2 ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى يۇماي تاماق يەيدىكەنغۇ، ــ دېدى. \m \v 3 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ \v 4 چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.\f □ \fr 15:4 \ft \+bd «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن»\+bd* ــ بۇ ئەمرلەر تەۋرات «مىس.» 12:20، 17، «لاۋ.» 9:20 ۋە «قان.» 16:5دە خاتىرىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 15:4 \xt مىس. 20‏:12؛ 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 5‏:16؛ پەند. 20‏:20؛ ئ‍ەف. 6‏:2. \x* \v 5 لېكىن سىلەر: ــ ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان \add خۇداغا\add* ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، \v 6 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار.\f □ \fr 15:6 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار»\+bd* ــ مەسىھنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «خۇداغا ئاتىغان تەئەللۇقاتلار» تېخى ئاتىغۇچى كىشىنىڭ قولىدا تۇرغاندا، ئۇلاردىن پايدىلىنىۋەرسە بولاتتى. شۇ كىشى بەلكىم تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىن...» ياكى «مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن...» «ئىبادەتخانىغا تاپشۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان بولسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىساللار تېپىلىدۇ. \fp پەرىيسىلەر ئۆگەتكەن شۇ ھىيلە-مىكىر: «مال-مۈلكۈڭنى خۇداغا ئاتالغان («قۇربان قىلغان») قىلغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولىدۇ» ئەمەس، بەلكى «(شۇنداق قىلغان بولساڭ) \+bd خەۋەر ئېلىشىڭغا بولمايدۇ\+bd*» دېگەندەك. ئۇلار شۈبھىسىزكى ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن مەلۇم بىر پايدا كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 15:6 \xt مار. 7‏:13؛ 1تىم. 4‏:3؛ 2تىم. 3‏:2. \x* \v 7 ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ \m \v 8 «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، \m بىراق قەلبى مەندىن يىراق.\x + \xo 15:8 \xt يەش. 29‏:13؛ ئ‍ەز. 33‏:31؛ مار. 7‏:6. \x* \m \v 9 ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. \m ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».\f □ \fr 15:9 \ft \+bd «... ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس»\+bd* ــ (8-9-ئايەتلەر) «يەش.» 13:29.\f*  \x + \xo 15:9 \xt يەش. 29‏:13؛ مار. 7‏:6، 7؛ كول. 2‏:18، 20، 22. \x* \b \m \s1 ھەقىقىي ناپاكلىق \m \v 10 ئاندىن ئۇ خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: \m ــ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، \x + \xo 15:10 \xt مار. 7‏:14. \x* \v 11 ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، ــ دېدى.\x + \xo 15:11 \xt روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:17،20؛ تىت. 1‏:15. \x* \m \v 12 كېيىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەرىسىيلەر ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ رەنجىگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 13 لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: \m ــ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ. \x + \xo 15:13 \xt يـۇھ. 15‏:2. \x* \v 14 سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.\x + \xo 15:14 \xt يەش. 42‏:19؛ لۇقا 6‏:39. \x* \m \v 15 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسەن، ــ دېدى.\x + \xo 15:15 \xt مار. 7‏:17. \x* \m \v 16 لېكىن ئۇ: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنچىگە ئېرىشىمىدىڭلار؟! ــ دېدى. \v 17 ئېغىزغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەنمەمسىلەر؟ \v 18 لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇدۇر. \v 19 چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ. \x + \xo 15:19 \xt يار. 6‏:5؛ 8‏:21؛ پەند. 6‏:14؛ يەر. 17‏:9. \x* \v 20 ئىنساننى ناپاك قىلىدىغانلار مانا شۇلاردۇر؛ يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ. \b \m \s1 يات ئەللىك ئايالنىڭ ئېتىقادى \r مار. 7‏:24-30 \m \v 21 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى. \f □ \fr 15:21 \ft \+bd «ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى»\+bd* ــ ئۇ يەر «چەتئەللىكلەر» تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ، مەسىھنىڭ شۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىتى، ئۆز خەلقىدىن بىر ۋاقىت ئايرىلىپ ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 15:21 \xt مار. 7‏:24. \x* \v 22 مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى. \m \v 23 لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 24 ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ: \m ــ مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.\x + \xo 15:24 \xt مات. 10‏:6؛ روس. 13‏:46. \x* \m \v 25 ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: \m ــ رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى. \m \v 26 ئۇ ئۇنىڭغا: \m ــ بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، ــ دېدى.\f □ \fr 15:26 \ft \+bd «بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس»\+bd* ــ مەسىھ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسىنى، يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، دەپ تەكىتلەيدۇ. «كىچىك ئىتلار» بەلكىم ھاقارەتلىك سۆز بولماي، ئۆيدىكى ئارزۇلۇق پىستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم ۋەقە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 27 لېكىن ھېلىقى ئايال: \m ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، ــ دېدى. \m \v 28 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى. \b \m \s1 نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ساقايتىلىشى \m \v 29 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، گالىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. \x + \xo 15:29 \xt مار. 7‏:31. \x* \v 30 ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. \x + \xo 15:30 \xt يەش. 29‏:18؛ 35‏:5؛ مات. 11‏:5؛ لۇقا 7‏:22. \x* \v 31 شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى. \b \m \s1 تۆت مىڭ ئادەمنىڭ تويغۇزۇلۇشى \r مار. 8‏:1-10 \m \v 32 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: \m ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى.\x + \xo 15:32 \xt مار. 8‏:1. \x* \m \v 33 مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ ــ دېيىشتى. \m \v 34 ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 35 بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. \v 36 ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ \add خۇداغا\add* تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. \x + \xo 15:36 \xt 1سام. 9‏:13. \x* \v 37 ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن \add مۇخلىسلار\add* ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. \v 38 تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. \v 39 ئۇ خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يۇرتىنىڭ چەت يەرلىرىگە باردى. \b \b \m \c 16 \s1 پەرىسىيلەرنىڭ «مۆجىزىلىك ئالامەت» كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشى \r مار. 8‏:11-13؛ لۇقا 12‏:54-56 \m \v 1 ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى.\f □ \fr 16:1 \ft \+bd «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار»\+bd* ــ «پەرىسىيلەر» بولسا تەۋرات قانۇنىغا قاتمۇ-قات تۈرلۈك باشقا قائىدە-نىزاملارنى قوشقان قاتتىق تەلەپچان دىنىي ئېقىم ئىدى. «سادۇقىيلار» دېگەن دىنىي ئېقىمىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئۇلارغا ئوخشاش بولغىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر قىسىملىرىنى قوبۇل قىلماي، پەقەت تەۋراتتىكى 1-5-قىسىملارنى (يەنى مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قىسىملار)نى قوبۇل قىلغان. ئۇلار «قىيامەت كۈنى»، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى ئېتىراپ قىلمايتتى. ئادەتتە «پەرىسىيلەر» ۋە «سادۇقىيلار» بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىپ يۈرەتتى، لېكىن ئۇلار ئەيسانى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەنىدى. \+bd «بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ»\+bd* ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت»، ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 16:1 \xt مات. 12‏:38؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 12‏:54؛ يـۇھ. 6‏:30. \x* \v 2 بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ كەچقۇرۇن سىلەر قىزىل شەپەقنى كۆرگىنىڭلاردا، «ھاۋا ئەتە ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر\x + \xo 16:2 \xt لۇقا 12‏:54. \x* \v 3 ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر! \v 4 رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ \add دەۋردىكىلەرگە\add* «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. \m ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 16:4 \ft \+bd «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»\+bd* ــ 39:12-40-ئايەتلەرگە قارالسۇن. «بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەر» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:4 \xt يۇن. 2‏:1؛ مات. 12‏:39؛ لۇقا 11‏:29. \x* \b \m \s1 «ئېچىتقۇ» بولغان ئېزىقتۇ تەلىمدىن ھوشيار بولۇش \r مار. 8‏:14-21 \m \v 5 مۇخلىسلىرى \add دېڭىزنىڭ\add* ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. \v 6 ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 16:6 \xt مار. 8‏:15؛ لۇقا 12‏:1. \x* \m \v 7 \add مۇخلىسلار\add* ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: \m ــ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇنى دەۋاتسا كېرەك، ــ دېيىشتى. \m \v 8 ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە \add دېيىشىۋاتقانلىقىنى\add* بىلىپ مۇنداق دېدى: \m ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ \v 9 تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنىڭ \add تويغۇزۇلغانلىقى\add*، قانچە سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ \x + \xo 16:9 \xt مات. 14‏:17؛ مار. 6‏:38؛ لۇقا 9‏:13؛ يـۇھ. 6‏:9. \x* \v 10 يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنىڭ \add تويغۇزۇلغانلىقى\add*، يەنە قانچە چوڭ سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ \x + \xo 16:10 \xt مات. 15‏:34. \x* \v 11 سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ \m \v 12 مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. \b \m \s1 پېترۇسنىڭ ئەيسانى مەسىھ دەپ تونۇشى \r مار. 8‏:27-30؛ لۇقا 9‏:18-21 \m \v 13 ئەيسا قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا كەلگىنىدە، ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: \m كىشىلەر مەن ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 16:13 \xt مار. 8‏:27؛ لۇقا 9‏:18. \x* \m \v 14 مۇخلىسلىرى: \m ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس \add پەيغەمبەر\add* ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.\x + \xo 16:14 \xt مات. 14‏:2. \x* \m \v 15 ئۇ ئۇلاردىن: \m ــ ئەمدى سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 16 سىمون پېترۇس: \m ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 16:16 \ft \+bd «... مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغلى». «تىرىك خۇدا» دېگەن ئىبارە خۇدانى ھايات، «ئۆلۈك بۇت ئەمەس»، ھەقىقىي خۇدا دەپ تەكىتلەيدۇ.\f*  \x + \xo 16:16 \xt يـۇھ. 6‏:69. \x* \m \v 17 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ بەختلىكسەن، ئى يۇنۇس ئوغلى سىمون! بۇنى ساڭا ئايان قىلغۇچى ھېچ ئەت-قان ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتامدۇر. \f □ \fr 16:17 \ft \+bd «... يۇنۇس ئوغلى سىمون!»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... سىمون بار-ئىئوناھ» («يۇنۇسنىڭ ئوغلى»). بۇ يۇنۇس تەۋراتتىكى پەيغەمبەر يۇنۇس ئەمەس؛ لېكىن قىزىق بىر ئىش شۇكى، پېترۇس ۋە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كۆپ ئورتاق يەرلىرى بار.\f*  \x + \xo 16:17 \xt مات. 11‏:25. \x* \v 18 مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. \f □ \fr 16:18 \ft \+bd «سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن....»\+bd* ــ «پېترۇس»نىڭ مەنىسى «تاش» بولۇپ، ئۇ «جامائەتنىڭ ئۇلى» ئەمەس. جامائەتنىڭ ئۇلى بولسا ئەيسا ئېيتقان «ئۇيۇلتاش» بولۇپ، ئۇ ياكى ئۆزىنى ياكى ئۆزىگە باغلانغان ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. «1پېت.» 4:2-9نى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرى»\+bd* ــ بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ئۆلۈمنىڭ كۈچى»، «جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچلىرى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 16:18 \xt زەب. 118‏:22؛ يەش. 28‏:16؛ 33‏:20؛ يـۇھ. 1‏:43؛ 1كور. 3‏:11. \x* \v 19 ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 16:19 \ft \+bd «ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ،...»\+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:19 \xt مات. 18‏:18؛ يـۇھ. 20‏:22. \x* \m \v 20 بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى \r مار. 8‏:31-38؛ 1:9؛ لۇقا 9‏:22-27 \m \v 21 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى.\x + \xo 16:21 \xt مات. 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7. \x* \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: \m ــ يا رەب، ساڭا رەھىم قىلىنغاي! بېشىڭغا بۇنداق ئىشلار قەتئىي چۈشمەيدۇ! ــ دېدى. \m \v 23 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ: \m ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 16:23 \ft \+bd «ئارقامغا ئۆت، شەيتان!...»\+bd* ــ مەسىھ بۇ ئايەتتە «شەيتان» دېگەن بۇ سۆزىنى بىرىنچىدىن «دۈشمەن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالغان پېترۇسقا ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەيتان ئۆزى پېترۇس ئارقىلىق ئەيساغا پۇتلىكاشاڭ بولماقچى ئىدى.\f*  \x + \xo 16:23 \xt 2سام. 19‏:22. \x* \m \v 24 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: \m كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! \f □ \fr 16:24 \ft \+bd «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!»\+bd* ــ 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:24 \xt مات. 10‏:38؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23؛ 14‏:27. \x* \v 25 چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.\f □ \fr 16:25 \ft \+bd «چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «جان» ۋە «ھايات» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 16:25 \xt مات. 10‏:39؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25. \x* \m \v 26 چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! \f □ \fr 16:26 \ft \+bd «چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادچى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 16:26 \xt زەب. 49‏:6-12؛ مار. 8‏:37؛ لۇقا 9‏:25. \x* \v 27 چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ.\x + \xo 16:27 \xt ئايۇپ 34‏:11؛ زەب. 62‏:12؛ مات. 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ رىم. 2‏:6. \x* \m \v 28 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.\f □ \fr 16:28 \ft \+bd «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن...»\+bd* ــ «ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىش» گرېك تىلىدا «ئۆلۈمنى تېتىش» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر»\+bd* ــ بىزنىڭچە -28:16ئايەتتىكى سۆزنىڭ مۇھىم مەنىسى 17-بابتا تەسۋىرلەنگەن كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ئالىملار ئۇ: (1) ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخلىسلىرىغا قايتا كۆرۈنۈشى بىلەن؛ (2) مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن؛ (3) مەسىھنىڭ شەرىپى جامائەتتە ئايان قىلىنىشى بىلەن؛ (4) ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەپ قارايدۇ. \fp يۇقىرىقى (1) -، (2) -، (3) -پىكىر سەل ئورۇنلۇق بولغىنى بىلەن، لېكىن ئەيسانىڭ «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ \+bd ئارىسىدىن\+bd*... كۆرىدىغانلار بار» دېگىنىدىن قارىغاندا، \+bd بەزى\+bd* روسۇللار بۇ ئىشنى كۆرىدۇ، شۇڭا مۇھىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى 17-بابتىكى «ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى» دېگەن ئىشتۇر، دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 16:28 \xt مار. 9‏:1؛ لۇقا 9‏:27. \x* \b \b \m \c 17 \s1 ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى \r مار. 9‏:2-13؛ لۇقا 9‏:28-36 \m \v 1 ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى.\x + \xo 17:1 \xt مار. 9‏:2؛ لۇقا 9‏:28؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \v 2 ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى. \v 3 ۋە مانا، \add مۇخلىسلارغا\add* مۇسا ۋە ئىلياس \add پەيغەمبەرلەر\add* ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالدا كۆرۈندى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئەيساغا: \m ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىساڭ، بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى.\f □ \fr 17:4 \ft \+bd «خالىساڭ، ... بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى!»\+bd* ــ ياكى «خالىساڭ، ... بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياساي!». بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.\x + \xo 17:5 \xt قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ روس. 3‏:22؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \m \v 6 مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ دۈم يېتىپ ۋەھىمىگە چۈشتى. \v 7 بىراق ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: \m قوپۇڭلار، قورقماڭلار، ــ دېدى. \v 8 ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەيسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى. \m \v 9 تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى.\x + \xo 17:9 \xt مار. 9‏:9؛ لۇقا 9‏:36. \x* \m \v 10 ئاندىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: \m ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس \add پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن\add* ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 17:10 \xt مال. 3‏:23؛ مات. 11‏:14؛ مار. 9‏:11. \x* \m \v 11 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ ئىلياس \add پەيغەمبەر\add* دەرۋەقە \add مەسىھتىن\add* ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ. \f □ \fr 17:11 \ft \+bd «ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە \+bd*\+bdit مەسىھتىن\+bdit* ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ» ــ «ئىلياسنىڭ ئاۋۋال كېلىشى» ۋە ئۇنىڭ «ھەممىنى ئورنىغا كەلتۈرۈشى»نى كۆرسەتكەن بېشارەت ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى تەۋرات، «مال.» 5:4-6دە خاتىرىلىنىدۇ.\f* \v 12 ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلياس ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئازاب چېكىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. \v 13 شۇ چاغدا مۇخلىسلار ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. \b \m \s1 جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ئازاد قىلىنىشى \r مار. 9‏:14-29؛ لۇقا 9‏:37-43 \m \v 14 ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ:\x + \xo 17:14 \xt مار. 9‏:16؛ لۇقا 9‏:37. \x* \m \v 15 رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. \f □ \fr 17:15 \ft \+bd «تۇتقاقلىق كېسىلى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاي (شارى) تەرىپىدىن ئۇرۇلغان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 16 ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، ــ دېدى. \m \v 17 ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا \add جىنغا\add* تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى. \m \v 19 كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 17:19 \xt مار. 9‏:28. \x* \m \v 20 ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ. \x + \xo 17:20 \xt مات. 21‏:21؛ لۇقا 17‏:6. \x* \v 21 بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى.\f □ \fr 17:21 \ft \+bd «بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ يەنە ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى توغرۇلۇق ئېيتىشى \r مار. 9‏:30-32؛ لۇقا 9‏:43-45 \m \v 22 ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ ئىنسانئوغلى \add ساتقۇنلۇقتىن\add* ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ \x + \xo 17:22 \xt مات. 16‏:21؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22،44؛ 18‏:31. \x* \v 23 ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم-قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. \b \m \s1 ئىبادەتخانا بېجى تاپشۇرۇش مەسىلىسى \m \v 24 ئاندىن ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، \add ئىبادەتخانا\add* «ئىككى دراقما» \add بېجىنى\add* يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ ئۇستازىڭلار «ئىككى دراقما»نى تۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 17:24 \ft \+bd «... ئىبادەتخانا «ئىككى دراقما» بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ...»\+bd* ــ «ئىبادەتخانا بېجى» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «دىدراقما» (ئىككى «دراقما» پۇل) دېيىلىدۇ. «دىدراقما» ئەسلى بىرخىل تەڭگە بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەر ئەر كىشى ھەر يىلدا ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن «يېرىم شەكەل» (بىر دىدراقما) تاپشۇرۇش كېرەك ئىدى. «مىس.» 13:30-16نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 تۆلەيدۇ، ــ دېدى پېترۇس. \m لېكىن ئۇ ئۆيگە كىرگىشىگىلا، تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ئەيسا ئۇنىڭدىن: \m ــ سىمون، سېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ، ياكى ياتلاردىنمۇ، ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 17:25 \xt مات. 22‏:21؛ رىم. 13‏:7. \x* \m \v 26 پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ياتلاردىن، ــ دېۋىدى، ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر \add باجدىن\add* خالىي بولىدۇ. \v 27 بىراق \add باج يىغقۇچىلارغا\add* پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، ــ دېدى.\f □ \fr 17:27 \ft \+bd «بىراق باج يىغقۇچىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن...»\+bd* ــ ئەيسا ۋە پېترۇس ئىككىسى «پادىشاھنىڭ پەرزەنتى» بولۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باج تۆلەشتىن خالىي ئىدى. لېكىن باج يىغقۇچىلار بۇنى چۈشەنمىگەچكە، ئۇلار تۆلىمىسە، بەلكىم «بۇ ئەيسا تەقۋادار ئەمەس ئىكەن، مەسىھ بولالمايدۇ» دەپ قېلىشى، شۇنداقلا ئۇلار ئەيساغا ئېتىقاد باغلاپ، نىجاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشى مۇمكىن. \+bd «تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ»\+bd* ــ «تۆت دراقما تەڭگە» (گرېك تىلىدا «ستاتېر») ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھات ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىدا بولسا كۆرەلەيدۇكى، بۇ پۇل ئەيسا ۋە پېترۇسنىڭ باجنى تۆلىشى ئۈچۈن دەل كېرەكلىك پۇل ئىدى.\f* \b \b \m \c 18 \s1 ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ \r مار. 9‏:33-37؛ لۇقا 9‏:46-48 \m \v 1 بۇ چاغدا، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 18:1 \xt مار. 9‏:34؛ لۇقا 9‏:46؛ 22‏:24. \x* \m \v 2 ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى: \m \v 3 ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر.\x + \xo 18:3 \xt مات. 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2. \x* \v 4 ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ.\f □ \fr 18:4 \ft \+bd «ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ»\+bd* ــ «كىچىك بالىلار» ئادەتتە چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى بىلەرمەن قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ۋە بەلكىم ھەممىدىن مۇھىم ئاتىسىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز ئىشىنىدۇ.\f*  \x + \xo 18:4 \xt 1پېت. 5‏:6. \x* \v 5 بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.\x + \xo 18:5 \xt مار. 9‏:37؛ لۇقا 9‏:48؛ يـۇھ. 13‏:20. \x* \v 6 لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى \add گۇناھقا\add* پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.\x + \xo 18:6 \xt مار. 9‏:42؛ لۇقا 17‏:2. \x* \v 7 ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!\f □ \fr 18:7 \ft \+bd «ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 18:7 \xt مات. 26‏:24؛ روس. 2‏:23؛ 4‏:27،28؛ 1كور. 11‏:19. \x* \m \v 8 ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 18:8 \xt قان. 13‏:7؛ مات. 5‏:29،30؛ مار. 9‏:43. \x* \m \v 9 ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. \b \m \s1 ئازغان قوي توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 10 ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. \x + \xo 18:10 \xt زەب. 34‏:7؛ لۇقا 15‏:3-7 \x* \v 11 چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى.\f □ \fr 18:11 \ft \+bd «چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 18:11 \xt لۇقا 19‏:10. \x* \m \v 12 قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ \x + \xo 18:12 \xt لۇقا 15‏:3. \x* \v 13 ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ. \v 14 شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر. \b \m \s1 گۇناھ ئۆتكۈزگەن قېرىنداشقا بولغان مۇئامىلە \r لۇقا 17‏:3 \m \v 15 ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى \add ئېزىشتىن\add* قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. \x + \xo 18:15 \xt لاۋ. 19‏:17؛ پەند. 17‏:10؛ لۇقا 17‏:3؛ ياق. 5‏:19. \x* \v 16 لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى \add گۇۋاھچىنى\add* ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. \f □ \fr 18:16 \ft \+bd «ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن»\+bd* ــ بۇ سۆز «قان.» 15:19دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.\f*  \x + \xo 18:16 \xt چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ يـۇھ. 8‏:17؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28. \x* \v 17 لېكىن ئەگەر \add قېرىندىشىڭ\add* ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار.\f □ \fr 18:17 \ft \+bd «ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار»\+bd* ــ شۇ چاغدا «يات ئەللىك»لەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇتپەرەس ئىدى. «باجگىر»لار (رىم ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن خەلقتىن باج ئالىدىغان يەھۇدىيلار) بولسا «رىم ئىمپېرىيەگە سېتىلىپ كەتكەن خائىنلار» دەپ «ئىپلاس ئادەملەر»نىڭ قاتارىدا قارىلاتتى.\f*  \x + \xo 18:17 \xt 1كور. 5‏:9؛ 2تېـس. 3‏:14. \x* \m \v 18 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ.\f □ \fr 18:18 \ft \+bd «سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆز 19:16-ئايەتتىكىگە ئوخشاش، بىراق ئاشۇ يەردە يالغۇز پېترۇسقا ئېيتىلغان. بىز ئەيسانىڭ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئېيتىلغان ھوقۇق پەقەت روسۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتكە تەۋەدۇر. ئەيسا تاپشۇرغان بۇ ھوقۇق: (1) جامائەتتىكى دۇئالاردا ئالاھىدە تىلەش ھوقۇقىنى؛ (2) جامائەت تەرتىپى بويىچە، گۇناھ سادىر قىلىپ، ئەمما توۋا قىلمىغان ئەزالارنى چەكلەش، جامائەتتىن چىقىرىش ياكى ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز (17-ئايەت ۋە -20-19ئايەتنى، «1كور.» 1:5-5، «2كور.» 5:2-11نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 18:18 \xt مات. 16‏:19؛ يـۇھ. 20‏:23. \x* \m \v 19 مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. \v 20 چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.\f □ \fr 18:20 \ft \+bd «ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىمغا قەيەردە يىغىلغان بولسا...».\f*  \x + \xo 18:20 \xt لۇقا 24‏:15،36. \x* \b \m \s1 شەپقەت كۆرگۈچى شەپقەتلىك بولۇشى كېرەك \m \v 21 ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ ــ دېدى.\x + \xo 18:21 \xt لۇقا 17‏:4. \x* \m \v 22 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: \m ــ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم! \f □ \fr 18:22 \ft \+bd «يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم!»\+bd* ــ ياكى «يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم».\f*  \x + \xo 18:22 \xt مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ كول. 3‏:13. \x* \v 23 ئەرش پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. \v 24 ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تالانت پۇل قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. \f □ \fr 18:24 \ft \+bd «ون مىڭ تالانت پۇل»\+bd* ــ بىر «تالانت» ئالتۇن ياكى كۆمۈش تەڭگە ئاز دېگەندە بىر ئىشچىنىڭ يىللىق ھەققىنىڭ 17 ھەسسىسى بولۇپ، 10000 تالانت ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەلكىم ئىككى مىليارد (مىڭ مىليون) دوللارچە بولىدۇ.\f* \v 25 چاكارنىڭ تۆلىگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، خوجىسى چاكارنىڭ ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشىنى بۇيرۇپتۇ. \x + \xo 18:25 \xt مات. 5‏:25. \x* \v 26 شۇڭا چاكار ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ: «خوجام، ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، مەن پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. \v 27 چاكارنىڭ خوجىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ. \m \v 28 لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ. \f □ \fr 18:28 \ft \+bd «يۈز دىنار قەرزدار»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتلاردا «بىر دىنار» بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولۇپ، يۈز تەڭگە بەلكىم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1300 دوللارچە بولاتتى.\f* \v 29 بۇنىڭ بىلەن بۇ چاكار بۇرادىرى يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭدىن: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. \v 30 لېكىن ئۇ ئۇنىماپتۇ ۋە: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە زىنداندا ياتىسەن» دەپ ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپتۇ. \v 31 بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا چاكارلار ئىنتايىن ئازابلىنىپ خوجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. \m \v 32 بۇنىڭ بىلەن خوجىسى ھېلىقى چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي رەزىل چاكار! ماڭا يېلىنغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنىڭ ھەممىسىنى كەچۈردۈم. \v 33 مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ. \v 34 بۇنىڭ بىلەن خوجىسى غەزەپلىنىپ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلەپ بولغۇچە ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلارنىڭ قولىدا تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.\f □ \fr 18:34 \ft \+bd «ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلار»\+bd* ــ مۇشۇ گۇندىپايلارنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپىسى جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى قىيناش ئىدى.\f* \m \v 35 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.\x + \xo 18:35 \xt مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:26؛ ياق. 2‏:13. \x* \b \b \m \c 19 \s1 تالاق قىلىش توغرىسىدا \r مار. 10‏:1-12 \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چەت يەرلىرىگە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى يۇرتلارغا باردى.\x + \xo 19:1 \xt مار. 10‏:1. \x* \v 2 توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇلارنى شۇ يەردىلا ساقايتتى. \m \v 3 ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: \m ــ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 19:3 \xt مار. 10‏:2. \x* \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ \add تەۋراتتىن\add* شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ، مۇقەددەمدە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە\f □ \fr 19:4 \ft \+bd «شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ،...؟»\+bd* ــ بۇ پەرىسىيلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلەرنىڭ بىرى.\f*  \x + \xo 19:4 \xt يار. 1‏:17؛ 2‏:24؛ 5‏:2 \x* \v 5 «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ».\x + \xo 19:5 \xt يار. 2‏:24؛ 1كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:31. \x* \v 6 شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.\x + \xo 19:6 \xt 1كور. 7‏:10. \x* \m \v 7 پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن يەنە: \m ــ ئۇنداقتا، مۇسا \add پەيغەمبەر\add* نېمە ئۈچۈن \add تەۋرات قانۇنىدا\add* ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دەپ سوراشتى.\f □ \fr 19:7 \ft \+bd «مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ»\+bd* ــ ئەمرنىڭ توغرىسى «قان.» 1:24دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 19:7 \xt قان. 24‏:1؛ يەر. 3‏:1. \x* \m \v 8 ئۇ ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن مۇسا \add پەيغەمبەر\add* ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان؛ لېكىن ئالەمنىڭ باشلىمىدا بۇنداق ئەمەس ئىدى. \v 9 ئەمدى شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئايالىنى بۇزۇقلۇقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان ھەرقانداق كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ.\f □ \fr 19:9 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ» دېگەن سۆز قوشۇلىدۇ. 32:5نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 19:9 \xt مات. 5‏:32؛ مار. 10‏:11؛ لۇقا 16‏:18؛ 1كور. 7‏:10. \x* \m \v 10 مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: \m ــ ئەگەر ئەر بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، ــ دېدى.\f □ \fr 19:10 \ft \+bd «ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن»\+bd* ــ دېمەك، مۇخلىسلارنىڭ ئويلىشىچە، تالاق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا («چىقىش يولى بولمىسا)، ئۆيلىنىش ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىشتۇر.\f* \m \v 11 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ بۇ سۆزنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت نېسىپ قىلىنغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ. \x + \xo 19:11 \xt 1كور. 7‏:7،17. \x* \v 12 چۈنكى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار؛ ۋە ئىنسان تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان بەزى ئاغۋاتلارمۇ بار؛ ۋە ئەرش پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلارمۇ بار. بۇ سۆزنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 19:12 \ft \+bd «ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار»\+bd* ــ «تۇغما ئاغۋاتلار» بەلكىم تۇغما جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلارنى، ئىشقسىز كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ «باشقىلار تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان» كونا زامانلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدا ھەرەمنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن پىچىۋېتىلگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلار» بەلكىم خۇدانىڭ خىزمىتىدە كۆپرەك ۋاقىت بولاي دەپ ئۆيلىنىشتىن ۋاز كەچكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسا ۋە كىچىك بالىلار \r مار. 10‏:13-16؛ لۇقا 18‏:15-17 \m \v 13 قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. \x + \xo 19:13 \xt مار. 10‏:13؛ لۇقا 18‏:15. \x* \v 14 ئەمما ئەيسا: \m ــ بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، ــ دېدى. \f □ \fr 19:14 \ft \+bd «ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر»\+bd* ــ ياكى «ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر».\f*  \x + \xo 19:14 \xt مات. 18‏:3؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2. \x* \v 15 ۋە قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. \b \m \s1 پۇلدارلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلەمدۇ؟ \r مار. 10‏:17-31؛ لۇقا 18‏:18-30 \m \v 16 مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 19:16 \xt مار. 10‏:17؛ لۇقا 18‏:18. \x* \m \v 17 ئۇ ئۇنىڭغا: \m ــ نېمىشقا مەندىن ياخشىلىق توغرىسىدا سورايسەن؟ «ياخشى بولغۇچىلار» بولسا پەقەت بىرىلا بار. ئەمما ھاياتلىققا كىرىمەن دېسەڭ، ئەمرلەرگە ئەمەل قىل، ــ دېدى. \m \v 18 قايسى ئەمرلەرگە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. \m ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، \x + \xo 19:18 \xt مىس. 20‏:12؛ لاۋ. 19‏:18؛ قان. 5‏:16-20؛ رىم. 13‏:9. \x* \v 19 ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.\f □ \fr 19:19 \ft \+bd «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي»\+bd* ــ (18-19-ئايەت) ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنكى، ئەيسا «ئون پەرمان» ئىچىدىكى خۇداغا مۇناسىۋەتلىك پەرمانلارنى ياكى «(قوشناڭنىڭ نەرسىلىرىنى) تاما قىلما» دېگەن پەرماننى تىلغا ئالغىنى يوق.\f*  \x + \xo 19:19 \xt لاۋ. 19‏:17؛ مات. 22‏:39؛ مار. 12‏:31؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8. \x* \m \v 20 ياش يىگىت ئۇنىڭغا: ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى ماڭا يەنە نېمە كەم؟ ــ دېدى. \m \v 21 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى.\x + \xo 19:21 \xt مات. 6‏:19؛ لۇقا 12‏:33؛ 16‏:9؛ 1تىم. 6‏:19. \x* \m \v 22 يىگىت مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ ئىدى. \v 23 ئەيسا مۇخلىسلىرىغا: \m ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بايلارنىڭ ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەسلىكتىلا بولىدۇ. \x + \xo 19:23 \xt پەند. 11‏:28؛ مار. 10‏:23؛ لۇقا 18‏:24. \x* \v 24 ۋە يەنە شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. \m \v 25 مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ: \m ــ ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. \m \v 26 ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: \m ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 19:26 \ft \+bd «خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «خۇدا بىلەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ».\f*  \x + \xo 19:26 \xt ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ لۇقا 1‏:37؛ 18‏:27. \x* \m \v 27 بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ مانا، بىز ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ساڭا ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 19:27 \xt مات. 4‏:20؛ مار. 10‏:28؛ لۇقا 5‏:11؛ 18‏:28. \x* \m \v 28 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. \x + \xo 19:28 \xt لۇقا 22‏:30. \x* \v 29 مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ. \f □ \fr 19:29 \ft \+bd «مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ... ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەر..»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ نامىم ئۈچۈن ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا... ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەر...».\f*  \x + \xo 19:29 \xt قان. 33‏:9؛ ئايۇپ 42‏:12. \x* \v 30 لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. \x + \xo 19:30 \xt مار. 10‏:31؛ لۇقا 13‏:30. \x* \b \b \m \c 20 \s1 ئۈزۈمزارلىقتىكى ئىشلەمچىلەر \m \v 1 ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. \v 2 ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.\f □ \fr 20:2 \ft \+bd «ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ...»\+bd* ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس».\f* \m \v 3 سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ.\f □ \fr 20:3 \ft \+bd «سائەت توققۇزلاردا»\+bd* ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى» ــ يەنى سائەت توققۇزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «تولۇق كۈن» (24 سائەت) كەچ سائەت ئالتىدە باشلىنىدۇ؛ كەچتە «جېسەك» ئىشلىتىلىدۇ؛ ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە «كۈندۈز» دېيىلىدۇ، كۈندۈز ئون ئىككى سائەتكە بۆلۈنىدۇ (مىسالنى تەۋرات، «يار.» 5:1تىن كۆرگىلى بولىدۇ).\f* \v 4 ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ. \v 5 ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ.\f □ \fr 20:5 \ft \+bd «چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ»\+bd* ــ «چۈشتە» ــ ئەينى سۆز بويىچە كۈننىڭ «ئالتىنچى سائىتىدە» ۋە «سائەت ئۈچتە» كۈننىڭ «توققۇزىنچى سائىتىدە» (چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە) دېيىلىدۇ.\f* \v 6 لېكىن \add كەچقۇرۇن\add* سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ.\f □ \fr 20:6 \ft \+bd «كەچقۇرۇن سائەت بەشلەردە»\+bd* ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئون بىرىنچى سائىتى ئەتراپىدا»، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە.\f* \v 7 ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ. \m \v 8 كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. \v 9 ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. \v 10 ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. \v 11 ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ: \v 12 «بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ. \v 13 لېكىن \add يەر ئىگىسى\add* ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟ \v 14 ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار. \v 15 ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟ \v 16 شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ.\f □ \fr 20:16 \ft \+bd «چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، تاللانغانلار ئاز بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 20:16 \xt مات. 19‏:30؛ 22‏:14؛ مار. 10‏:31؛ لۇقا 13‏:30. \x* \b \m \s1 ئەيسا ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىدۇ \r مار. 10‏:32-34؛ لۇقا 18‏:31-34 \m \v 17 ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:\f □ \fr 20:17 \ft \+bd «يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ...»\+bd* ــ «يېرۇسالېمغا بېرىش» ھەردائىم «يېرۇسالېم چىقىش» دەپ ئىپادىىنىدۇ.\f*  \x + \xo 20:17 \xt مار. 10‏:32؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7. \x* \m \v 18 ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ \v 19 ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.\x + \xo 20:19 \xt مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28،31؛ روس. 3‏:23. \x* \b \m \s1 ئانىنىڭ تەلىپى \r مار. 10‏:35-45 \m \v 20 شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى.\f □ \fr 20:20 \ft \+bd «زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى»\+bd* ــ ئەيسا چاقىرغان ئون ئىككى روسۇلدىن ئىككىسى، يەنى يۇھاننا ۋە ياخۇپ. 21:4 ۋە 2:10نى كۆرۈڭ. \+bd «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى»\+bd* ــ ياكى «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ تىزلىنىپ باش ئۇردى».\f*  \x + \xo 20:20 \xt مار. 10‏:35. \x* \m \v 21 نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. \m ئايال ئۇنىڭغا: \m ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى. \m \v 22 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ \m ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار.\f □ \fr 20:22 \ft \+bd «مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قەدەھ» دېگەن سۆز، ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f*  \x + \xo 20:22 \xt لۇقا 12‏: 49،50؛ رىم. 8‏:26. \x* \m \v 23 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ. \x + \xo 20:23 \xt مات. 25‏:34. \x* \v 24 \add قالغان\add* ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. \v 25 لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: \m ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. \f □ \fr 20:25 \ft \+bd «ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى (يەنى خۇدادىن قورقمايدىغان بۇتپەرەسلەرنى) كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 20:25 \xt مار. 10‏:42؛ لۇقا 22‏:25. \x* \v 26 بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ \x + \xo 20:26 \xt 1پېت. 5‏:3. \x* \v 27 ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. \x + \xo 20:27 \xt مات. 23‏:11؛ مار. 9‏:35؛ 10‏:43. \x* \v 28 ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.\f □ \fr 20:28 \ft \+bd «... جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي»\+bd* ــ نېمىدىن «ھۆرلۈك»كە ئېرىشىدۇ؟ ــ گۇناھتىن بولغان ھۆرلۈك.\f*  \x + \xo 20:28 \xt لۇقا 22‏:27؛ يـۇھ. 13‏:14؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ فىل. 2‏:7؛ 1تىم. 2‏:6؛ 1پېت. 1‏:19\x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئىككى ئەمانى ساقايتىشى \r مار. 10‏:46-52؛ لۇقا 18‏:35-43 \m \v 29 ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \x + \xo 20:29 \xt مار. 10‏:46؛ لۇقا 18‏:35. \x* \v 30 ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: \m ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى. \m \v 31 كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. \m \v 32 ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: \m ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 33 يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 34 ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \b \b \m \c 21 \s1 ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا تەنتەنىلىك كىرىشى \r مار. 11‏:1-11؛ لۇقا 19‏:28-38؛ يـۇھ. 12‏:12-19 \m \v 1 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى:\x + \xo 21:1 \xt مار. 11‏:1؛ لۇقا 19‏:29. \x* \m \v 2 ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. \v 3 ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ. \m \v 4 بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ \b \m \v 5 «زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: \m ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، \m كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، \m بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، \m كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ».\f □ \fr 21:5 \ft \+bd «زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ»\+bd* ــ بېشارەت «زەك.» 9:9دىن ئېلىنغان. «زىئون» ــ يېرۇسالېم جايلاشقان تاغنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 21:5 \xt 1پاد. 1‏:38-40؛ يەش. 62‏:11؛ زەك. 9‏:9؛ يـۇھ. 12‏:15. \x* \b \m \v 6 ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. \v 7 ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى.\f □ \fr 21:7 \ft \+bd «... ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى»\+bd* ــ دېمەك، ئېگىرى يوق ئىدى.\f*  \x + \xo 21:7 \xt 2پاد. 9‏:13؛ يـۇھ. 12‏:14. \x* \v 8 ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. \v 9 ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ \b \m «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! \m ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.\f □ \fr 21:9 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. \fp «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە «خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا» دېگەن مەنىدىمۇ بولغان. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:9 \xt زەب. 118‏:25-26\x* \b \m \v 10 ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: \m ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى. \m \v 11 خالايىق: \m ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى سودا-سېتىقتىن تازلىشى \r مار. 11‏:15-19؛ لۇقا 19‏:45-48؛ يـۇھ. 2‏:13-22 \m \v 12 ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، \f □ \fr 21:12 \ft \+bd «ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ...»\+bd* ــ ئىبادەتخانا ــ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى (سىناگوگلار) ئىدى؛ مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن «ئىبادەتخانا» يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، پەقەت «خۇدا ئۆز نامىنى قويغان» يېرۇسالېمدىكى بۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلسا توغرا بولاتتى.\f*  \x + \xo 21:12 \xt قان. 14‏:26؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14. \x* \v 13 ئۇلارغا: \m ــ \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* \add خۇدانىڭ\add*: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى.\f □ \fr 21:13 \ft \+bd «مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر!»\+bd* ــ تەۋرات، «يەش.» 7:56 ۋە «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» دېگەن سۆزى ئىككى بىسلىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن باش كاھىنلارنىڭ سودىگەرلەرگە قۇربانلىقلارنى سېتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ كاھىنلارنىڭ خەلقنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بۇلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 21:13 \xt 1پاد. 8‏:29؛ يەش. 56‏:7؛ يەر. 7‏:11؛ لۇقا 19‏:46. \x* \m \v 14 ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. \v 15 لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.\x + \xo 21:15 \xt مار. 11‏:27. \x* \m \v 16 ئۇلار ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر \add مۇقەددەس يازمىلاردىن\add* شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى.\f □ \fr 21:16 \ft \+bd «سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى،...؟» دېگەن ئىبارە پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. \+bd «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»\+bd* ــ «زەب.» 2:8.\f*  \x + \xo 21:16 \xt زەب. 8‏:2\x* \m \v 17 ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى. \b \m \s1 ئەنجۈر دەرىخىنى ئەيىبلەش \r مار. 11‏:12-14، 20-24 \m \v 18 ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى. \x + \xo 21:18 \xt مار. 11‏:12،20. \x* \v 19 ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: \m ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.\f □ \fr 21:19 \ft \+bd «ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى»\+bd* ــ پەلەستىندىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە يوپۇرماق بولسا، مېۋىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇ كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 21:19 \xt ھوش. 9‏:10\x* \m \v 20 مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: \m ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى.\f □ \fr 21:20 \ft \+bd «ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى!»\+bd* ــ ياكى «ئەنجۈر دەرىخى قانداقمۇ بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى!»\f* \m \v 21 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: \m ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ.\x + \xo 21:21 \xt مات. 17‏:20؛ لۇقا 17‏:6. \x* \v 22 دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.\x + \xo 21:22 \xt مات. 7‏:7؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ھوقۇقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى \r مار. 11‏:27-33؛ لۇقا 20‏:1-8 \m \v 23 ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 21:23 \xt مىس. 2‏:14؛ مار. 11‏:27؛ لۇقا 20‏:1؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:2. \x* \m \v 24 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. \v 25 يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: \m ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. \f □ \fr 21:25 \ft \+bd «يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟»\+bd* ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۈمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى.\f* \v 26 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى.\x + \xo 21:26 \xt مات. 14‏:5؛ مار. 6‏:20. \x* \m \v 27 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: \m بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. \m ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. \b \m \s1 ئىككى ئوغۇل توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 28 ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. \v 29 «بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. \v 30 ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. \v 31 بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ \m ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. \m ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە. \f □ \fr 21:31 \ft \+bd «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر...»\+bd* ــ «باجگىرلار» توغرىسىدا 18:18دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە»\+bd* ــ «كىرمەكتە» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، «باجگىرلار ۋە پاھىشىلەر» ئاۋۋال يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق توۋا قىلغان، ئاندىن ئەينى چاغدا مەسىھنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا تېخىمۇ كىرىۋاتقانىدى.\f* \v 32 چۈنكى گەرچە يەھيا \add پەيغەمبەر\add* سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.\f □ \fr 21:32 \ft \+bd «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن ...»\+bd* ــ ياكى «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئېلىپ بارغىلى كەلگەن». گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىدا كەلگەن...» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 21:32 \xt مات. 3‏:1. \x* \b \m \s1 رەزىل باغۋەنلەر ھەققىدىكى تەمسىل \r مار. 12‏:1-12؛ لۇقا 20‏:9-19 \m \v 33 يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. \x + \xo 21:33 \xt زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1-7؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مار. 12‏:1؛ لۇقا 20‏:9. \x* \v 34 ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. \v 35 لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. \x + \xo 21:35 \xt 2تار. 24‏:21. \x* \v 36 ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. \v 37 ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. \v 38 لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. \x + \xo 21:38 \xt يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:1، 8؛ مات. 26‏:3؛ 27‏:1؛ يـۇھ. 11‏:53؛ ئىبر. 1‏:2. \x* \v 39 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. \m \v 40 ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟ \m \v 41 ئۇلار ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. \m \v 42 ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: \m ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ \m «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، \m بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. \m بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، \m بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر».\f □ \fr 21:42 \ft \+bd «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى»\+bd* ــ «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار «روھىي ھايات»نىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىشىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى. \fp مەسىھ كەلتۈرگەن سۆزلەر ــ «زەب.» 22:118-23.\f*  \x + \xo 21:42 \xt زەب. 118‏:22-23؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:6. \x* \b \m \v 43 شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. \x + \xo 21:43 \xt مىس. 32‏:10؛ يەش. 55‏:5؛ مات. 8‏:12. \x* \v 44 بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.\f □ \fr 21:44 \ft \+bd «بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ»\+bd* ــ «تاش» بولسا ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. 42-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىتىلىمىز.\f*  \x + \xo 21:44 \xt يەش. 8‏:15؛ دان. 2‏:34؛ زەك. 12‏:3؛ لۇقا 20‏:18. \x* \m \v 45 باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. \x + \xo 21:45 \xt لۇقا 20‏:19. \x* \v 46 ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى.\x + \xo 21:46 \xt لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 7‏:40. \x* \b \b \m \c 22 \s1 توي زىياپىتى توغرىسىدىكى تەمسىل \r لۇقا 14‏:15-24 \m \v 1 ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: \m \v 2 ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ.\x + \xo 22:2 \xt لۇقا 14‏:6؛ ۋەھ. 19‏:7. \x* \v 3 ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ. \v 4 ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ. \v 5 بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ. \v 6 قالغانلىرى بولسا \add پادىشاھنىڭ\add* چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. \v 7 پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. \v 8 ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار \add مېھمانلىققا\add* مۇناسىپ كەلمىدى. \v 9 ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. \v 10 بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ. \m \v 11 پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. \f □ \fr 22:11 \ft \+bd «پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا شۇ ۋاقىتلاردا كاتتا توي زىياپەتلىرىدە ساھىبخان ئۆزى ھەربىر مېھمانغا ئالاھىدە بىر زىياپەت كىيىمى سوۋغات قىلاتتى. ئۇنداق كىيىمنى كىيىشنى رەت قىلىش ساھىبخانغا ئىنتايىن بىھۆرمەتلىك بولاتتى.\f* \v 12 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ. \v 13 پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. \x + \xo 22:13 \xt مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 24‏:51؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28. \x* \v 14 چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر.\x + \xo 22:14 \xt مات. 20‏:16. \x* \b \m \s1 «باج تاپشۇرامدۇق؟» دېگەن قىلتاق \r مار. 12‏:13-17؛ لۇقا 20‏:20-26 \m \v 15 بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. \x + \xo 22:15 \xt مار. 12‏:13؛ لۇقا 20‏:20. \x* \v 16 ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: \m ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز. \f □ \fr 22:16 \ft \+bd «ھېرود \+bd*\+bdit پادىشاھ\+bdit*نىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي بولمىغاچقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇنداق بولغىنى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇنى قوللايدىغان «ھېرود تەرەپدارلىرى» بار ئىدى. «ھېرودلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \fig «ھېرودلار»نىڭ نەسەبنامىسى|src="herodusgenealogy-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 16:22" \fig* \v 17 قېنى، قانداق ئويلايلا؟ \add رىم ئىمپېراتورى\add* قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى.\f □ \fr 22:17 \ft \+bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...»\+bd* ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن، قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. \+bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟»\+bd* ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى، ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.\f* \m \v 18 لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ: \m ــ ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟ \v 19 قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى. \v 20 ئۇ ئۇلاردىن: \m ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 21 قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. \m ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 22:21 \ft \+bd «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار»\+bd* ــ قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار ــ دېمەك، باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولغاچقا، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 22:21 \xt مات. 17‏:25؛ رىم. 13‏:7. \x* \m \v 22 ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى-دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى. \b \m \s1 تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە \r مار. 12‏:18-27؛ لۇقا 20‏:27-40 \m \v 23 شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى:\f □ \fr 22:23 \ft \+bd ««ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار»\+bd* ــ «سادۇقىيلار» توغرۇلۇق 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 22:23 \xt مار. 12‏:18؛ لۇقا 20‏:27؛ روس. 23‏:8. \x* \m \v 24 ــ ئۇستاز، مۇسا \add پەيغەمبەر تەۋراتتا\add*: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان. \f □ \fr 22:24 \ft \+bd «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم»\+bd* ــ «قان.» 5:25.\f*  \x + \xo 22:24 \xt قان. 25‏:5-6؛ يار. 38‏:8. \x* \v 25 بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى. \v 26 بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى. \m \v 27 ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى. \v 28 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە! \m \v 29 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر. \v 30 چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. \m \v 31 ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان: \v 32 «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!».\f □ \fr 22:32 \ft \+bd «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!»\+bd* ــ «مىس.» 6:3.\f*  \x + \xo 22:32 \xt مىس. 3‏:6،15. \x* \m \v 33 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى.\x + \xo 22:33 \xt مات. 7‏:28. \x* \b \m \s1 ئەڭ مۇھىم ئەمر \r مار. 12‏:28-34؛ لۇقا 10‏:25-28 \m \v 34 پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. \x + \xo 22:34 \xt مار. 12‏:28. \x* \v 35 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:\x + \xo 22:35 \xt لۇقا 10‏:25. \x* \m \v 36 ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى. \m \v 37 ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: \m ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» \f □ \fr 22:37 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»\+bd* ــ «قان.» 5:6.\f*  \x + \xo 22:37 \xt قان. 6‏:5؛ 10‏:12؛ 30‏:6؛ لۇقا 10‏:27. \x* \v 38 ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. \v 39 ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». \f □ \fr 22:39 \ft \+bd «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي»\+bd* ــ «لاۋ.» 18:19.\f*  \x + \xo 22:39 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ ياق. 2‏:8. \x* \v 40 پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ. \b \m \s1 قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ــ داۋۇتنىڭ ئوغلى ھەم ئۇنىڭ رەببى \r مار. 12‏:35-37؛ لۇقا 20‏:41-44 \m \v 41 پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن:\x + \xo 22:41 \xt مار. 12‏:35؛ لۇقا 20‏:41. \x* \m \v 42 ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. \m داۋۇتنىڭ ئوغلى، ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 43 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن \add زەبۇردا\add* داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ \f □ \fr 22:43 \ft \+bd «داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ...»\+bd* ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىدا.\f* \m \v 44 «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ \m «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، \m ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ؟\f □ \fr 22:44 \ft \+bd \+bdit داۋۇت\+bdit* «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ» ــ «زەب.» 1:110.\f*  \x + \xo 22:44 \xt زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:13. \x* \m \v 45 داۋۇت \add مەسىھنى\add* شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟\f □ \fr 22:45 \ft \+bd «داۋۇت \+bd*\+bdit مەسىھنى\+bdit* شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «رەببىم» دېگەن يەردە مەسىھ داۋۇتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا «رەب» سۈپىتىدە ئىدى.\f* \m \v 46 ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. \b \b \m \c 23 \s1 ساختىپەزلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! •••• «يەتتە «ۋاي!»» \r مار. 12‏:38-40؛ لۇقا 11‏:37-52؛ 20‏:45-47 \m \v 1 بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ئەيسا توپ-توپ خالايىققا ۋە مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: \m \v 2 ــ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ \add ھۆكۈم چىقىرىش\add* ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ.\f □ \fr 23:2 \ft \+bd «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا سۆزمۇسۆز: «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسانىڭ ئورنىغا بېسىپ ئولتۇرغان بولىدۇ». دېمەك، تەۋرات قانۇنىغا تەبىر بېرىش ۋە قانۇنىغا ئاساسەن دەۋالاردا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان. شۇ تەرەپتە خەلق ئۇلارغا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 23:2 \xt نەھ. 8‏:4\x* \v 3 شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ،\x + \xo 23:3 \xt قان. 17‏:19؛ مال. 2‏:6؛ رىم. 2‏:19. \x* \v 4 بەلكى ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىنى مىدىرلىتىشنى خۇشياقمايدۇ.\f □ \fr 23:4 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى پەرىسىيلەر\+bdit* كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ» ــ «ئېغىر يۈكلەر» ھەر تۈرلۈك قاتتىق دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 23:4 \xt يەش. 10‏:1؛ لۇقا 11‏:46؛ روس. 15‏:10. \x* \v 5 ئۇلار ھەممە ئەمەللىرىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ؛\f □ \fr 23:5 \ft \+bd «ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ،...»\+bd* ــ «ئايەت قاپلىرى» تەقۋادارلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پېشانە ياكى ئۈستى بىلىكىكە چىگىۋېلىنىدىغان، ئىچىگە تەۋراتتىن ئېلىنغان ئايەتلەر يېزىلغان پۈتۈك سېلىنغان كىچىك قاپ. ئۇلار بۇ ئىشنى «مىس.» 9:13، 16 ۋە «قان.» 8:6، 8:11گە ئاساسەن ئادەت قىلغان. \+bd «ئۇلار... تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ»\+bd* ــ تەۋرات بويىچە ئەر كىشىلەر تونلىرىغا مۇشۇنداق چۇچىلارنى بېكىتىشى كېرەك (چۇچىلار كۆك رەڭلىك بولغاچقا، خۇدانىڭ «كۆكتىن چۈشۈرۈلگەن» ئەمرلىرىگە ئەسلەتمە بولسۇن دېگەن مەقسەتتە بېكىتىلىشكە بۇيرۇلغان ــ «چۆل.» 38:15-39 ۋە «قان.» 12:22نى كۆرۈڭ). بىراق پەرىيسىيلەر پەقەت ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى.\f*  \x + \xo 23:5 \xt چۆل. 15‏:38؛ قان. 6‏:8؛ 22‏:12؛ مات. 6‏:5. \x* \v 6 ئۇلار زىياپەتلەردە تۆردە، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا،\x + \xo 23:6 \xt مار. 12‏:38،39؛ لۇقا 11‏:43؛ 20‏:46. \x* \v 7 بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان \add ئۇزۇن\add* سالاملىرىغا ۋە ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ.\f □ \fr 23:7 \ft \+bd «بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇزۇن سالاملىرىغا... ئامراق كېلىدۇ»\+bd* ــ «ئۇزۇن» دېگەن سۆز گرېكچە تېكىستتە يوق؛ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن ئۇلارغا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز. \+bd «ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇستاز» گرېك تىلىدا (ئىبرانىي تىلىدىمۇ ئوخشاش) «راببى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 23:7 \xt ياق. 3‏:1. \x* \m \v 8 بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار ۋە ھەممىڭلار قېرىنداشتۇرسىلەر.\f □ \fr 23:8 \ft \+bd «بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 9 يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر. \f □ \fr 23:9 \ft \+bd «يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار»\+bd* ــ روشەنكى، مەسىھ بۇ سۆزنى روھىي جەھەتتىن ئېيتقان؛ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئادەملەرنىڭ ئۆز جىسمانىي ئاتىسىنى «ئاتا»، «دادا» دېگەنلىكى ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئادەمنى روھىي جەھەتتىن «ئاتام» دېيىشى كۆزدە تۇتۇلغان، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، نۇرغۇن «خرىستىيان جامائەتلەر» (مەسىلەن، «كاتولىكلار» ۋە «پراۋۇسلاۋىيلار») ئۆز يېتەكچىلىرىنى «ئاتا» دەپ ئاتايدۇ؛ «پاپا» ۋە «پوپ» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە «دادا» دېگەنلىكتۇر.\f*  \x + \xo 23:9 \xt مال. 1‏:6. \x* \v 10 سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛ \v 11 بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. \x + \xo 23:11 \xt مات. 20‏:26. \x* \v 12 ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ.\x + \xo 23:12 \xt ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ لۇقا 14‏:11؛ 18‏:14؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5. \x* \m \v 13 بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر.\x + \xo 23:13 \xt لۇقا 11‏:52. \x* \m \v 14 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر، شۇنداقتىمۇ باشقىلار ئالدىدا تەقۋادار كۆرۈنسەك دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر.\f □ \fr 23:14 \ft \+bd «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر... شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ ئايەت تېپىلمايدۇ. بۇ سۆزلەر «مار.» 40:12 ۋە «لۇقا» 47:20دىمۇ تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 23:14 \xt مار. 12‏:40؛ لۇقا 20‏:47؛ 2تىم. 3‏:6؛ تىت. 1‏:11. \x* \m \v 15 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر. \f □ \fr 23:15 \ft \+bd «....سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر»\+bd* ــ «دوزاخنىڭ پەرزەنتى» دوزاخقا كىرىدىغان ۋە بەلكىم باشقىلارنى دوزاخقا بارىدىغان يولغا ئازدۇرىدىغان كىشى بولسا كېرەك.\f* \m \v 16 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ھەرقانداق كىشى ئىبادەتخانا بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر. \v 17 ئەي كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟ \v 18 سىلەر يەنە: «ھەركىم قۇربانگاھ بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق قۇربانگاھ ئۈستىدىكى ھەدىيەنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر. \v 19 ئەي كورلار! ھەدىيە ئۇلۇغمۇ ياكى ھەدىيىنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانگاھمۇ؟ \f □ \fr 23:19 \ft \+bd «ئەي كورلار!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ئەي ئەخمەكلەر، كورلار!» دېيىلىدۇ.\f* \v 20 شۇڭا، قۇربانگاھنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى بولسا ھەم قۇربانگاھ بىلەن ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ. \v 21 ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ھەم ئىبادەتخانىنى، ھەم «ئىبادەتخانىدا تۇرغۇچى»نى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. \x + \xo 23:21 \xt 1پاد. 8‏:13؛ 2تار. 6‏:1، 2. \x* \v 22 ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ.\x + \xo 23:22 \xt 2تار. 6‏:33؛ يەش. 66‏:1؛ مات. 5‏:34؛ روس. 7‏:49. \x* \m \v 23 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ۋەزىنلىك تەرەپلىرى بولغان ئادالەت، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىقنى ئېتىبارغا ھېچ ئالمايسىلەر. ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك.\f □ \fr 23:23 \ft \+bd «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ،...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا تەۋرات قانۇنىدا ئىبادەتخانىدىكى ئىشلار ۋە كاھىنلارنىڭ كىرىمى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى تەلەپ قىلغانىدى.\f*  \x + \xo 23:23 \xt 1سام. 15‏:22؛ ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 12‏:7؛ لۇقا 11‏:42. \x* \v 24 ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر \add چىنەڭلەردىكى\add* پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر!\f □ \fr 23:24 \ft \+bd «سىلەر چىنەڭلەردىكى پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر!»\+bd* ــ تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەم پاشا ھەم تۆگە گۆشىمۇ ھارام گۆش ئىدى.\f* \m \v 25 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچى ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە ئىشرەتپەرەسلىككە تولغان. \x + \xo 23:25 \xt لۇقا 11‏:39. \x* \v 26 ئەي قارىغۇ پەرىسىي! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلا، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ!\x + \xo 23:26 \xt تىت. 1‏:15. \x* \m \v 27 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان لېكىن ئىچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ھەرخىل ناپاك نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. \x + \xo 23:27 \xt روس. 23‏:3. \x* \v 28 شۇنىڭدەك تېشىڭلاردىن ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ھەققانىي ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىك بىلەن تولغان. \m \v 29 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، ھەققانىيلارنىڭ مازارلىرىنى بېزەپ كېلىۋاتىسىلەر \x + \xo 23:29 \xt لۇقا 11‏:47. \x* \v 30 ۋە سىلەر: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشلىرىگە شېرىك بولمايتتۇق» ــ دەيسىلەر. \v 31 شۇڭا سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار. \f □ \fr 23:31 \ft \+bd «سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنى «ئاتا-بوۋىلىرىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار كۆپ باشقا ئەللەردەك دائىم «ئاتا-بوۋىلىرى»نى ماختاپ، بىز ئۇلارنىڭ ئەنئەنىلىرىدە داۋاملىق مېڭىشىمىز كېرەك، ــ دەيتتى. لېكىن شۇ ئاتا-بوۋلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرى خۇدانىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە زىت بولۇپ كەلگەن ۋە شۇ سەۋەبتىنمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن.\f*  \x + \xo 23:31 \xt روس. 7‏:51؛ 1تېس. 2‏:15. \x* \v 32 ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار!\f □ \fr 23:32 \ft \+bd «ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار!»\+bd* ــ مەسىھنىڭ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گېپى: «سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزلىرىنى باسقىنىڭلار ــ (ئۇلارنىڭ ئەنئەنىلەرنى تۇتۇپ، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ) مېنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تولۇقلىغىنىڭلاردۇر!» دېگەندەكتۇر.\f* \m \v 33 ئەي يىلانلار! زەھەرلىك يىلانلارنىڭ نەسىللىرى! دوزاخ جازاسىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ \x + \xo 23:33 \xt مات. 3‏:7. \x* \v 34 شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. \f □ \fr 23:34 \ft \+bd «... سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن»\+bd* ــ «ئالىملار» دېگەن بۇ سۆزنى ئادەتتە «تەۋرات ئۇستازلىرى» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. لېكىن ئەيسا مەسىھ ئۆز قېرىنداش يەھۇدىي خەلقىگە ئەۋەتىدىغان «ئۇستازلار»نى پەقەت «تەۋرات ئۇستازى» دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى «تەۋرات-ئىنجىل ئۇستازلىرى» بولىدۇ.\f*  \x + \xo 23:34 \xt مات. 10‏:16،17؛ لۇقا 10‏:3؛ 11‏:49؛ يـۇھ. 16‏:2؛ روس. 7‏:52. \x* \v 35 شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى بۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ. \f □ \fr 23:35 \ft \+bd «ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە...»\+bd* ــ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «يار.» 8:4-11، زەكەرىيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى «2تار.» 20:24-22نى كۆرۈڭ. بۇ ئىككى ۋەقە يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە تەۋراتنىڭ ئەڭ بېشىدا ۋە ئايىغىدا خاتىرىلىنىدۇ. \fp «2تار.» 20:24-22 بويىچە زەكەرىيانىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى «يەھويادا» ئىدى. «بەرەكىيا» ئۇنىڭ باشقا ئىسمى بولسا كېرەك («يەھويادا» ھەم «بەرەكىيا» دېگەن ئىككى ئىسىم «ياھقا (پەرۋەردىگارغا) مەدھىيە ئوقۇلسۇن» دېگەن مەنىدىكى مەنىداش سۆزلەردۇر).\f*  \x + \xo 23:35 \xt يار. 4‏:8؛ 2تار. 24‏:21؛ ئىبر. 11‏:4. \x* \v 36 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. \b \m \s1 ئەيسانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈشى \r لۇقا 13‏:34-35 \m \v 37 ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مېكىيان چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار! \f □ \fr 23:37 \ft \+bd «ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم!...»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ــ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار!»\+bd* ــ «پەرزەنتلىرىڭ» ــ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 23:37 \xt زەب. 17‏:8؛ 91‏:4؛ مات. 21‏:35،36؛ لۇقا 13‏:34. \x* \v 38 مانا، ئەمدى ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ! \f □ \fr 23:38 \ft \+bd «...ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ»\+bd* ــ ئۈچ بىسلىق سۆز بولۇپ: \fp (1) خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى (لېكىن مەسىھنىڭ «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار» دېگىنى بويىچە بۇ ئۆي ھازىر خۇدانىڭكى ئەمەس، پەقەت سىلەرنىڭكىدۇر)؛ \fp \fp (2) ئۆزلىرىنىڭ قورۇ-جايلىرى؛ \fp \fp (3) بالا-چاقىلىرىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 23:38 \xt زەب. 69‏:25؛ يەش. 1‏:7؛ يەر. 7‏:34؛ مىك. 3‏:12؛ روس. 1‏:20. \x* \v 39 چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېمىگۈچە، سىلەر مېنى قايتىدىن ھېچ كۆرەلمەيسىلەر.\f □ \fr 23:39 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە زەبۇر 26:118تىن ئېلىنغان بولۇپ، خەلقنىڭ مەسىھنى قارشى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئۇلار ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئېتىراپ قىلمىغۇچە ئۇلار ئۇنى قايتا كۆرمەيدۇ. بۇ سۆز شۇ مۇھىم پاكىتنى كۆرسىتىدۇكى، ئەيسا مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە، يەھۇدىي خەلقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا ئېتىقاد باغلاپ ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ.\f*  \x + \xo 23:39 \xt زەب. 118‏:26. \x*  \fig «يېرۇسالېم|src="jerusalem-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 39:23" \fig* \b \b \m \c 24 \s1 ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت؛ ئاخىرقى زامانلاردىكى ئالامەتلەر \r مار. 13‏:1-31؛ لۇقا 21‏:5-33 \m \v 1 ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولدى.\x + \xo 24:1 \xt مار. 13‏:1؛ لۇقا 21‏:5. \x*  \fig يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا (مەسىھنىڭ دەۋرىدە)|src="herodtempleview-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 1:24" \fig* «مات.» \m \v 2 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 24:2 \xt 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44. \x* \b \m \s1 كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەتلەر \m \v 3 ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ \add قايتىپ\add* كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 24:3 \xt مار. 13‏:1، 3؛ لۇقا 21‏:7؛ روس. 1‏:6. \x* \v 4 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن.\x + \xo 24:4 \xt يەر. 29‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \v 5 چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.\x + \xo 24:5 \xt يەر. 14‏:14؛ 23‏:25؛ يـۇھ. 5‏:43. \x* \v 6 سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس. \v 7 چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.\f □ \fr 24:7 \ft \+bd «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار.\f*  \x + \xo 24:7 \xt يەش. 19‏:2. \x* \v 8 لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس.\f □ \fr 24:8 \ft \+bd «لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھ قايسى ئىش «تۇغۇلىدۇ»، ئۇنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇ «يېڭى زامان»نىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 9 ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. \x + \xo 24:9 \xt مات. 10‏:17؛ لۇقا 21‏:11،12؛ يـۇھ. 15‏:20؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:10. \x* \v 10 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. \f □ \fr 24:10 \ft \+bd «نۇرغۇنلار ئېتىقادتىن تانىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نۇرغۇنلار پۇتلاشتۇرۇلىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نۇرغۇنلار گۇناھقا ئازدۇرۇلىدۇ».\f* \v 11 نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. \x + \xo 24:11 \xt 2پېت. 2‏:1. \x* \v 12 ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. \x + \xo 24:12 \xt 2تىم. 3‏:1. \x* \v 13 لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. \x + \xo 24:13 \xt مات. 10‏:22؛ مار. 13‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:7،10؛ 3‏:10. \x* \v 14 بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، \add خۇدانىڭ\add* پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ.\f □ \fr 24:14 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پادىشاھلىقنىڭ بۇ خۇش خەۋىرى» دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 يېرۇسالېمدا ۋەيران قىلغۇچى «يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» پەيدا بولىدۇ \m \v 15 دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)، \f □ \fr 24:15 \ft \+bd «دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»»\+bd* ــ «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» توغرىسىدا «دان.» 24:9-27نى ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 24:15 \xt دان. 9‏:27؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:4 \x* \v 16 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛ \v 17 ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا \add قاچسۇن\add*. \v 18 ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. \v 19 ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! \f □ \fr 24:19 \ft \+bd «ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!»\+bd* ــ ئۇنداق كىشىلەرگە قېچىش ئەپسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 20 قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. \f □ \fr 24:20 \ft \+bd «قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار»\+bd* ــ يەھۇدىي دىنىي ئەربابلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئادەتتە شابات (دەم ئېلىش) كۈنىدە شەھەر دەرۋازىسى ۋە دۇكانلارنى تاقىشى كېرەك. بۇ كۈنى سەپەر قىلىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغانلارغا نىسبەتەن يېمەكلىك سېتىۋېلىش ۋە باشقا يەرلەرگە قېچىش ئىنتايىن قۇلايسىز بولىدۇ. «قىش»تا يەھۇدىيەدە دەريا-ۋادىلاردا سۇ پات-پات تېشىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ قېچىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.\f*  \x + \xo 24:20 \xt روس. 1‏:12. \x* \v 21 چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. \x + \xo 24:21 \xt دان. 12‏:1. \x* \v 22 ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن \add خۇدانىڭ\add* ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ. \m \v 23 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «\add مەسىھ\add* ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. \x + \xo 24:23 \xt مار. 13‏:21؛ لۇقا 21‏:8. \x* \v 24 چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا \add خۇدا\add* تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. \x + \xo 24:24 \xt قان. 13‏:2؛ 2تېـس. 2‏:11. \x* \v 25 مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. \m \v 26 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. \x + \xo 24:26 \xt لۇقا 17‏:23. \x* \v 27 چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ. \v 28 چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!\f □ \fr 24:28 \ft \+bd «چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى تەۋرات، «ئايۇپ» 26:39-30 ۋە «يەش.» 1:34-8، 15-17-ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك. شۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە زور قىرغىنچىلىق بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 24:28 \xt ئايۇپ 39‏:30؛ لۇقا 17‏:37. \x* \b \m \s1 ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى \m \v 29 ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. \f □ \fr 24:29 \ft \+bd «... قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 10:13، 4:34، «يو.» 10:2نى كۆرۈڭ. «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم بارلىق جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «لەرزىگە كېلىدۇ» بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈچتىن قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 24:29 \xt يەش. 13‏:10؛ 34‏:4؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31؛ 3‏:15؛ مار. 13‏:24؛ لۇقا 21‏:25. \x* \v 30 ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. \f □ \fr 24:30 \ft \+bd «يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ»\+bd* ــ «زەك.» 10:12بى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ»\+bd* ــ «دان.» 13:7بى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 24:30 \xt دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 13‏:26؛ 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \v 31 ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.\f □ \fr 24:31 \ft \+bd « \+bd*\+bdit پەرىشتىلەر\+bdit* ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن،... ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ» ــ «دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن» گرېك تىلىدا «تۆت شامىلىدىن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 24:31 \xt 1كور. 15‏:52؛ 1تېس. 4‏:16. \x* \b \m \s1 ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش \m \v 32 ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. \x + \xo 24:32 \xt مار. 13‏:28؛ لۇقا 21‏:29. \x* \v 33 خۇددى شۇنىڭدەك، \add مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ\add* ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار.\f □ \fr 24:33 \ft \+bd «... ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار»\+bd* ــ بۇ تېكىستتىكى «ئۇنىڭ» ياكى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆزىنى، ياكى كېلىدىغان كۈنىنى، ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ («لۇقا» 31:21نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 34 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. \f □ \fr 24:34 \ft \+bd «... بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ»\+bd* ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (2:24) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (30:24) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم (2) پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان «دەهشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»تىكى ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3) -شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ.\f* \v 35 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.\x + \xo 24:35 \xt زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 51‏:6؛ مار. 13‏:31؛ ئىبر. 1‏:11. \x* \m \v 36 لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ. \f □ \fr 24:36 \ft \+bd «لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «نە ئوغۇل بىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرمۇ تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 24:36 \xt مار. 13‏:32؛ روس. 1‏:7. \x* \v 37 ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى \add قايتىپ\add* كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. \x + \xo 24:37 \xt يار. 6‏:2؛ لۇقا 17‏:26؛ 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 2‏:5. \x* \v 38 چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، \add شۇ زاماندىكى\add* كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى. \x + \xo 24:38 \xt يار. 7‏:7. \x* \v 39 توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. \v 40 ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛ \x + \xo 24:40 \xt لۇقا 17‏:34؛ 1تېس. 4‏:17. \x* \v 41 ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. \v 42 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر. \f □ \fr 24:42 \ft \+bd «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر».\f*  \x + \xo 24:42 \xt مات. 25‏:13؛ مار. 13‏:33؛ لۇقا 12‏:40؛ 21‏:36. \x* \v 43 لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. \x + \xo 24:43 \xt لۇقا 12‏:39؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. \x* \v 44 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ! \b \m \s1 ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىز چاكارلار \r لۇقا 12‏:41-48 \m \v 45 خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟ \f □ \fr 24:45 \ft \+bd «ئۆز ئۆيىدىكىلەر»\+bd* ــ «ئۆيدىكىلەر» مۇشۇ يەردە خوجايىننىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارلار ۋە چاكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگە ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئاۋۋال روسۇللار، ئاندىن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ، ئەلۋەتتە («لۇقا» 41:12-48نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 24:45 \xt مات. 25‏:21؛ لۇقا 12‏:42. \x* \v 46 خوجايىن \add ئۆيىگە\add* قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! \v 47 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. \v 48 لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ، \v 49 باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا، \v 50 شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ \v 51 ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.\x + \xo 24:51 \xt مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 22‏:13؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28. \x* \b \b \m \c 25 \s1 ئون قىز قولداش توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 1 ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. \v 2 بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. \v 3 پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. \v 4 پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. \v 5 يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. \m \v 6 يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. \v 7 بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. \v 8 پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. \v 9 بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار \add ماي\add* ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. \v 10 لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. \m \v 11 كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. \v 12 بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. \m \v 13 شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر.\x + \xo 25:13 \xt مات. 24‏:42؛ مار. 13‏:33،35. \x* \b \m \s1 «تالانت» تاپشۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەمسىل •••• «تالانت» توغرۇلۇق 15-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ \r لۇقا 19‏:11-27 \m \v 14 \add ئەرش پادىشاھلىقى\add* خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئۆز چاكارلىرىنى چاقىرىپ دۇنياسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. \x + \xo 25:14 \xt لۇقا 19‏:12. \x* \v 15 ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، ياقا يۇرتقا يول ئاپتۇ. \f □ \fr 25:15 \ft \+bd «ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ،...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسۇنكى، شۇ چاغلاردا «تالانت» بىرخىل پۇل بىرلىكى، قىممەتلىك كۆمۈش تەڭگە ئىدى. يۇقىرىدىكى 24:18دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. ئۇيغۇر تىلىدا «تالانت» دېگەن سۆز دائىم دەل شۇ تەمسىلدىن چىققان كۆچمە مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. \fp شۇ چاغدا چاكارلارغا تاپشۇرۇلغان بۇ پۇللار بەلكىم تەخمىنەن 85000، 34000 ۋە 17000 دوللارغا توغرا كېلەتتى (2010 ھېسابلىناتقان).\f* \v 16 بەش تالانت تەڭگە ئالغان چاكار بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا تېپىپتۇ. \v 17 شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ. \v 18 لېكىن بىر تالانت تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. \m \v 19 ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ غوجىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ. \v 20 بەش تالانت تەڭگە ئالغىنى يەنە بەش تالانت تەڭگىنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا بەش تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. \v 21 خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. \v 22 ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا ئىككى تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. \v 23 خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. \m \v 24 ئاندىن، بىر تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلىنىڭ چىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزلىرى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇلنى ئورۇۋالالايلا، ھەمدە ئۇرۇق چاچمىغان يەردىنمۇ خامان ئالىلا. \v 25 شۇڭا قورقۇپ، سىلىنىڭ بەرگەن بىر تالانت تەڭگىلىرىنى يەرگە كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويغانىدىم. مانا پۇللىرىنى ئالسىلا» دەپتۇ. \v 26 غوجىسى ئۇنىڭغا: «ئەي، رەزىل، ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ بىلىپ، \v 27 ھېچ بولمىغاندا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ! شۇنداق قىلغان بولساڭ مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالغان بولمامتىم؟! \v 28 شۇڭا، ئۇنىڭ قولىدىكى تالانت تەڭگىنى ئېلىپ، ئون تالانت تەڭگە بار بولغانغا بېرىڭلار! \v 29 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. \f □ \fr 25:29 \ft \+bd «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئەھمىيەتلىك سۆز 12:13دىمۇ تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 25:29 \xt مات. 13‏:12؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 8‏:18؛ 19‏:26. \x* \v 30 بۇ يارامسىز چاكارنى تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.\x + \xo 25:30 \xt مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 22‏:13؛ 24‏:51؛ لۇقا 13‏:28. \x* \b \m \s1 ئاخىرەتتىكى سوراق \m \v 31 ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. \x + \xo 25:31 \xt مات. 16‏:27؛ 26‏:64؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \v 32 بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ \f □ \fr 25:32 \ft \+bd «بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ»\+bd* ــ «ئەللەر» دېگەن بۇ سۆز ئىنجىلدىكى كۆپ يەرلەردە يەھۇدى ئەمەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» ياكى «تائىپىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز.\f*  \x + \xo 25:32 \xt ئ‍ەز. 34‏:17،20؛ مات. 13‏:49. \x* \v 33 ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. \v 34 ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار!\x + \xo 25:34 \xt مات. 20‏:23؛ مار. 10‏:40. \x* \m \v 35 چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، \x + \xo 25:35 \xt يەش. 58‏:7؛ ئ‍ەز. 18‏:7؛ ئىبر. 13‏:2. \x* \v 36 يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 25:36 \ft \+bd «كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا مېنى يوقلىدىڭلار». \+bd «زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «زىنداندا ياتقىنىمدا يېنىمغا كېلىپ تۇردۇڭلار».\f*  \x + \xo 25:36 \xt يەش. 58‏:7؛ 2تىم. 1‏:16؛ ياق. 2‏:15،16. \x* \m \v 37 ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ \v 38 سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ \v 39 سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. \v 40 ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.\x + \xo 25:40 \xt پەند. 19‏:17؛ مات. 10‏:42؛ مار. 9‏:41؛ يـۇھ. 13‏:20؛ 2كور. 9‏:6. \x* \m \v 41 ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! \x + \xo 25:41 \xt زەب. 6‏:8؛ يەش. 30‏:33؛ مات. 7‏:23؛ لۇقا 13‏:25،27؛ ۋەھ. 19‏:20. \x* \v 42 چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ \v 43 مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. \m \v 44 ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. \v 45 ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. \x + \xo 25:45 \xt پەند. 14‏:31؛ 17‏:5؛ زەك. 2‏:12. \x* \v 46 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ.\x + \xo 25:46 \xt دان. 12‏:2؛ يـۇھ. 5‏:29. \x* \b \b \m \c 26 \s1 ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى \r مار. 14‏:1-2؛ لۇقا 22‏:1-2؛ يـۇھ. 11‏:45-53 \m \v 1 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا: \m \v 2 ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 26:2 \ft \+bd «شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ»\+bd* ــ «كرېستلەش» ــ كرېست (چاپراس ياغاچ)كە مىخلاش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى بېرىشتىن ئىبارەت. دېمىسىمۇ بۇ ئادەمنى قاتتىق خارلايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك، رىم ئىمپېرىيەسى بويىچە ئەڭ ئازابلىق ئۆلۈم جازاسى ئىدى.\f*  \x + \xo 26:2 \xt مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:1؛ يـۇھ. 13‏:1\x* \m \v 3 باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.\x + \xo 26:3 \xt زەب. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47؛ روس. 4‏:27. \x* \v 4 ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. \v 5 بىراق ئۇلار: \m ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى. \b \m \s1 خۇداگۇي ئايالنىڭ ئەيساغا ئەتىر چېچىشى \r مار. 14‏:3-9؛ يـۇھ. 12‏:1-8 \m \v 6 ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا،\f □ \fr 26:6 \ft \+bd «ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا...»\+bd* ــ «سىمون ماخاۋ» ياكى ««ماخاۋ كېسىلى» دېيىلىدىغان سىمون». بۇ سىمون بەلكىم ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. بىزنىڭچە بۇ ئىش بىلەن «يۇھ.» 1:12-11دا خاتىرىلەنگەن ۋەقە بىر ئىشتۇر.\f* \v 7 بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى.\x + \xo 26:7 \xt مار. 14‏:3؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 11‏:2؛ 12‏:3. \x* \v 8 لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: \m ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟ \v 9 چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى. \m \v 10 لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: \m ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى. \v 11 چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! \x + \xo 26:11 \xt قان. 15‏:11؛ مار. 14‏:7؛ يـۇھ. 12‏:8. \x* \v 12 بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى. \v 13 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. \b \m \s1 يەھۇدا ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشقا ۋەدە قىلىدۇ \m \v 14 بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:\f □ \fr 26:14 \ft \+bd «يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ...»\+bd* ــ شۇ چاغدا ئىككى «باش كاھىن» بار ئىدى ــ «ئانناس» ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى «قايافا».\f*  \x + \xo 26:14 \xt مار. 14‏:10؛ لۇقا 22‏:4. \x* \m \v 15 ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى. \x + \xo 26:15 \xt زەك. 11‏:12. \x* \v 16 يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. \b \m \s1 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ كەچلىك تامىقى \r مار. 14‏:21-22؛ لۇقا 22‏:7-14، 21-23؛ يـۇھ. 13‏:21-30 \m \v 17 پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 26:17 \ft \+bd «پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى...»\+bd* ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن بولىدۇ، بىرىنچى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»مۇ تەڭ بولىدۇ. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار قوي سويۇپ، ئۆيلىرىدە قوي گۆشى، پېتىر نان يەيدۇ («مىس.» 12-باب، «لاۋ.» 4:23-8، «چۆل.» 16:28-25نى كۆرۈڭ). \+bd «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟»\+bd* ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقى»نىڭ مۇھىم قىسمى «ئۆتۈپ كېتىش قۇربانلىق قوزىسى» ئىدى («مىس.» 3:12-11، «لاۋ.» 5:23، «چۆل.» 16:28، «قان.» 1:16-7نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 26:17 \xt مىس. 12‏:17؛ مار. 14‏:12؛ لۇقا 22‏:7. \x* \m \v 18 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. \m \v 19 مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى. \v 20 كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. \x + \xo 26:20 \xt مار. 14‏:17؛ لۇقا 22‏:14؛ يـۇھ. 13‏:21. \x* \v 21 ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: \m ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 26:21 \xt روس. 1‏:17. \x* \m \v 22 \add بۇنى ئاڭلاپ\add* ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: \m ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. \m \v 23 ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ. \x + \xo 26:23 \xt زەب. 41‏:9؛ لۇقا 22‏:21؛ يـۇھ. 13‏:18. \x* \v 24 ئىنسانئوغلى دەرۋەقە \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك \add ئۆلۈمگە\add* كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى. \m \v 25 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: \m ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: \m ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 26:25 \ft \+bd «ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟»\+bd* ــ «ئۇستاز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «راببى» دېيىلىدۇ. \+bd «ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ»\+bd* ــ مەنىسى، «دەل سەن» بولىدۇ. \fp يەھۇدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال چىقىپ باش كاھىنلارنىڭ يېنىغا بارغان بولسا كېرەك. «ماركۇس»، «لۇقا»، «يۇھاننا»دىكى ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى» توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 «رەبنىڭ زىياپىتى» \r مار. 14‏:22-26؛ لۇقا 22‏:15-20؛ 1كور. 11‏:23-25 \m \v 26 ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ \add خۇداغا\add* تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: \m ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى.\f □ \fr 26:26 \ft \+bd «ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن...»\+bd* ــ ياكى «ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى بەرىكەتلىگەندىن كېيىن،...».\f*  \x + \xo 26:26 \xt مار. 14‏:22؛ لۇقا 22‏:19؛ 1كور. 11‏:23. \x* \m \v 27 ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ \add خۇداغا\add* تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: \b \m ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. \v 28 بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. \f □ \fr 26:28 \ft \+bd «بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر»\+bd* ــ «يېڭى ئەھدە» ياكى «خۇدانىڭ ئەھدىسى» ياكى «مەڭگۈلۈك ئەھدە». تەۋرات، «يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «لۇقا» 20:22نى، «ئىبر.» 20:13 ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 26:28 \xt مىس. 24‏:8. \x* \v 29 لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. \m \v 30 ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.\x + \xo 26:30 \xt مار. 14‏:26؛ لۇقا 22‏:39؛ يـۇھ. 18‏:1. \x* \b \m \s1 مۇخلىسلارنىڭ ئەيسادىن ۋاز كېچىشى \r مار. 14‏:27-31؛ لۇقا 22‏:31-34؛ يـۇھ. 13‏:36-38 \m \v 31 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: ــ \m «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، \m پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. \f □ \fr 26:31 \ft \+bd «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، *پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ»\+bd* ــ «زەك.» 7:13. مۇشۇ بېشارەتتە سۆزلىگۈچى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 26:31 \xt زەك. 13‏:7؛ يـۇھ. 16‏:32. \x* \v 32 لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 26:32 \xt مار. 14‏:28؛ 16‏:7. \x* \b \m \v 33 پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى.\x + \xo 26:33 \xt لۇقا 22‏:33. \x* \m \v 34 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى.\x + \xo 26:34 \xt يـۇھ. 13‏:38. \x* \m \v 35 پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ گېتسىمانە باغچىسىدىكى دۇئا-تىلاۋىتى \r مار. 14‏:32-42؛ لۇقا 22‏:39-46 \m \v 36 ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. \x + \xo 26:36 \xt مار. 14‏:32؛ لۇقا 22‏:39؛ يـۇھ. 18‏:1. \x* \v 37 ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. \f □ \fr 26:37 \ft \+bd «زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلى»\+bd* ــ ياقۇپ ۋە يۇھاننا.\f* \v 38 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى، \x + \xo 26:38 \xt يـۇھ. 12‏:27. \x* \v 39 سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: \m ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى.\f □ \fr 26:39 \ft \+bd «ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن»\+bd* ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25دە).\f*  \x + \xo 26:39 \xt مات. 20‏:22،23؛ لۇقا 22‏:41؛ يـۇھ. 6‏:38. \x* \m \v 40 ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: \m ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! \v 41 ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 26:41 \ft \+bd «روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر»\+bd* ــ «كىشىنىڭ ئەتلىرى» گرېك تىلىدا «ئەت». ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەت-تەن» دائىم دېگۈدەك ئادەمنىڭ ئۆز تېنى تەرىپىدىن ئازدۇرۇلىدىغان، گۇناھكار تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 26:41 \xt گال. 5‏:17. \x* \m \v 42 ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: \m ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى. \v 43 ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا \add قايتىپ\add* كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. \m \v 44 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى. \m \v 45 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: \m ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. \f □ \fr 26:45 \ft \+bd «سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟»\+bd* ــ ياكى بولمىسا: «ئەمدى ئۇخلاۋېرىسىلەر، دەم ئېلىۋېرىسىلەر!» (كىنايىلىك گەپ) ياكى پەقەت: «ئەمدى ئۇخلاڭلار، دەم ئېلىڭلار!».\f* \v 46 قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى \r مار. 14‏:43-50؛ لۇقا 22‏:47-53؛ يـۇھ. 18‏:3-12 \m \v 47 ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. \x + \xo 26:47 \xt مار. 14‏:43؛ لۇقا 22‏:47؛ يـۇھ. 18‏:3. \x* \v 48 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. \v 49 ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: \m ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.\f □ \fr 26:49 \ft \+bd «سالام، ئۇستاز!»\+bd* ــ «ئۇستاز» ئىبرانىي تىلىدا «راببى» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 50 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. \f □ \fr 26:50 \ft \+bd «ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟»\+bd* ــ ياكى «ئاغىنەم، قىلىدىغىنىڭنى قىل».\f* \v 51 ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. \v 52 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. \v 53 ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ \f □ \fr 26:53 \ft \+bd «ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «قىسىم» دېگەن سۆز ئادەتتە گرېك تىلىدا بەلكىم ئالتە مىڭچە ئەسكەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 54 بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى.\x + \xo 26:54 \xt زەب. 22‏:6؛ 40‏:6-8؛ 69‏:1-4،10؛ لۇقا 24‏:25. \x* \m \v 55 شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: \m ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. \v 56 لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. \m بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.\x + \xo 26:56 \xt ئايۇپ 19‏:13؛ زەب. 88‏:8، 18؛ زەك. 13‏:7.\x* \b \m \s1 ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىش \r مار. 14‏:53-65؛ لۇقا 22‏:54-55، 63-71؛ يـۇھ. 18‏:13-14، 19-24 \m \v 57 ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. \x + \xo 26:57 \xt مار. 14‏:53؛ لۇقا 22‏:54؛ يـۇھ. 18‏:12. \x* \v 58 پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ \add ھويلىسىغىچە\add* يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى. \v 59 باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى. \f □ \fr 26:59 \ft \+bd «ئالىي كېڭەشمە»\+bd* ــ يەنە سوراق مەجلىسى، «سانھېدرىن» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 26:59 \xt مار. 14‏:55؛ روس. 6‏:13. \x* \v 60 نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ: \m \v 61 ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى.\f □ \fr 26:61 \ft \+bd «بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن»\+bd* ــ «يۇھ.» 19:2-20نى كۆرۈڭ. مەسىھنىڭ تولۇق ئېيتقىنى بۇ گۇۋاھچىنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس.\f*  \x + \xo 26:61 \xt يـۇھ. 2‏:19. \x* \m \v 62 باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: \m ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. \x + \xo 26:62 \xt مار. 14‏:60. \x* \v 63 لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. \m باش كاھىن ئۇنىڭغا: \m ــ \add مەڭگۈ\add* ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى.\x + \xo 26:63 \xt يەش. 53‏:7؛ مات. 27‏:12،14. \x* \m \v 64 ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: \m ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر.\f □ \fr 26:64 \ft \+bd «شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك»\+bd* ــ مەسىھنىڭ جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ. \+bd «كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر»\+bd* ــ تەۋرات، «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 26:64 \xt زەب. 110‏:1؛ دان. 7‏:13؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 22‏:69؛ روس. 1‏:11؛ رىم. 14‏:10؛ 1تېس. 4‏:16؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \m \v 65 شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: \m ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! \f □ \fr 26:65 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ...»\+bd* ــ باش كاھىن ئەيسانى «كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۆچۈشى ۋە غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىيىملىرىنى يىرتقان. ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇنىڭ خۇداغا خاس ھوقۇق ۋە شۆھرەت مەندىدۇر، دېگەنلىكىدۇر. \fp يەنە شۇنى ئېيتىمىزكى، باش كاھىننىڭ تونلىرىنى يىرتىشنىڭ ئۆزى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى («لاۋ.» 6:10، 10:21).\f* \v 66 بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. \m ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.\x + \xo 26:66 \xt لاۋ. 24‏:16. \x* \m \v 67 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:\x + \xo 26:67 \xt يەش. 50‏:6. \x* \m \v 68 ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى.\x + \xo 26:68 \xt ئايۇپ 16‏:10؛ لۇقا 22‏:64؛ يـۇھ. 19‏:3. \x* \b \m \s1 پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى \r مار. 14‏:66-72؛ لۇقا 22‏:56-62؛ يـۇھ. 18‏:15-18، 25-27 \m \v 69 ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى.\x + \xo 26:69 \xt مار. 14‏:66؛ لۇقا 22‏:55؛ يـۇھ. 18‏:16،25. \x* \m \v 70 لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى. \m \v 71 ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: \m ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى. \m \v 72 ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ \m مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى. \m \v 73 بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 26:73 \ft \+bd «شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ»\+bd* ــ «تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ» ــ پېترۇس گالىلىيە تەلەپپۇزى بىلەن سۆزلەيتتى.\f* \m \v 74 \add پېترۇس\add* قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: \m ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى. \v 75 پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى.\x + \xo 26:75 \xt مات. 26‏:34؛ مار. 14‏:30؛ لۇقا 22‏:61؛ يـۇھ. 13‏:38\x* \b \b \m \c 27 \s1 يەھۇدانىڭ ئۆلۈشى \r مار. 15‏:1؛ لۇقا 23‏:1-2؛ يـۇھ. 18‏:28-32 \m \v 1 تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى.\x + \xo 27:1 \xt زەب. 2‏:2؛ مار. 15‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:2؛ يـۇھ. 18‏:28. \x* \v 2 ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.\x + \xo 27:2 \xt روس. 3‏:13. \x* \m \v 3 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ: \m \v 4 ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. \m بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 5 يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.\f □ \fr 27:5 \ft \+bd «يەھۇدا... تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى»\+bd* ــ «تالاغا چىقىپ» بەلكىم شەھەرنىڭ سىرتىغا بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 27:5 \xt 2سام. 17‏:23؛ روس. 1‏:18. \x* \b \m \v 6 باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ \m بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان \add تەڭگىلەردۇر\add*، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 27:6 \ft \+bd «بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان تەڭگىلەردۇر، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام»\+bd* ــ «ھارام» ــ مۇشۇ يەردە، تەۋراتتا چەكلەنگەن، دېمەك.\f* \v 7 ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى.\f □ \fr 27:7 \ft \+bd «ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى»\+bd* ــ ياكى ««ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى»نى سېتىۋالدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى» ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولغان بىر يەرنىڭ ئىسمى ئىدى.\f*  \x + \xo 27:7 \xt روس. 1‏:19. \x* \v 8 شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. \m \v 9 شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ \m «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، \m يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى،\x + \xo 27:9 \xt زەك. 11‏:12. \x* \m \v 10 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك، \m ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى».\f □ \fr 27:10 \ft \+bd «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى»\+bd* ــ بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر (9-10-ئايەتلەر)نىڭ كۆپىنچىسى «زەكەرىيا» 12:11-13دىن ئېلىنغان. ئەمدى نېمىشقا ماتتا بۇ سۆزلەرنى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭكى دەيدۇ؟ بىز بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. \fp \fp 10-9-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تەڭگىنى مەن ئالدىم، ۋە ئۇلار پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى».\f*  \x + \xo 27:10 \xt يەر. 32‏:6-9؛ زەك. 11‏:12 ،13\x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى \r مار. 15‏:2-5؛ لۇقا 23‏:3-5؛ يـۇھ. 18‏:33-38 \m \v 11 ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: \m ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا.\f □ \fr 27:11 \ft \+bd «ئەيسا... «ئېيتقىنىڭدەك»، دېدى»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «ئېيتقىنىڭدەك» دېگەن جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.\f*  \x + \xo 27:11 \xt مار. 15‏:2؛ لۇقا 23‏:3؛ يـۇھ. 18‏:33. \x* \m \v 12 لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. \v 13 بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى. \x + \xo 27:13 \xt مات. 26‏:62. \x* \v 14 بىراق ئۇ \add پىلاتۇسقا\add* جاۋابەن \add شىكايەتلەرنىڭ\add* بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.\x + \xo 27:14 \xt يەش. 53‏:7؛ روس. 8‏:32. \x* \m \v 15 ھەر قېتىملىق \add ئۆتۈپ كېتىش\add* ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى. \x + \xo 27:15 \xt مار. 15‏:6؛ لۇقا 23‏:17؛ يـۇھ. 18‏:39. \x* \v 16 ئەينى ۋاقىتتا، \add رىملىقلارنىڭ\add* بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى \add زىنداندا\add* ئىدى. \f □ \fr 27:16 \ft \+bd «بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەيسا بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 27:16 \xt مار. 15‏:7؛ لۇقا 23‏:19؛ يـۇھ. 18‏:40. \x* \v 17 خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: \m ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى \f □ \fr 27:17 \ft \+bd «بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟»\+bd* ــ ياكى «ئەيسا بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟».\f* \v 18 (چۈنكى ئۇ \add باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ\add* ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). \m \v 19 پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.\f □ \fr 27:19 \ft \+bd «چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم».\f* \m \v 20 لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى.\x + \xo 27:20 \xt مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 18‏:40؛ روس. 3‏:14. \x* \m \v 21 ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: \m ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 22 پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى. \m ھەممەيلەن: \m ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى. \m \v 23 پىلاتۇس: \m ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: \m ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. \v 24 پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: \m ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى. \m \v 25 پۈتۈن خەلق جاۋابەن: \m ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى.\x + \xo 27:25 \xt روس. 5‏:28. \x* \m \v 26 بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە \add لەشكەرلىرىگە\add* تاپشۇردى.\f □ \fr 27:26 \ft \+bd «ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن...»\+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىسىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازاغا تارتىلغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى.\f* \b \m \s1 لەشكەرلەرنىڭ ئەيسانى مازاق قىلىشى \r مار. 15‏:16-20؛ يـۇھ. 19‏:2-3 \m \v 27 ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. \f □ \fr 27:27 \ft \+bd «ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى \+bd*\+bdit ۋالىينىڭ\+bdit* ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ» ــ «ۋالىينىڭ ئوردىسى» گرېك (لاتىن) تىلىدا «پرايتورىئۇم» دېيىلىدۇ. \+bd «پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى»\+bd* ــ «لەشكەرلەر توپى» (گرېك تىلىدا «كوھورت») 500-600 كىشىدىن تەركىب تاپقان.\f*  \x + \xo 27:27 \xt مار. 15‏:16؛ يـۇھ. 19‏:2. \x* \v 28 ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. \f □ \fr 27:28 \ft \+bd «ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى»\+bd* ــ «پەرەڭ رەڭلىك» (ياكى سۆسۈن رەڭلىك) شۇ چاغدا شاھانە كىيىمنىڭ رەڭگى شۇنداق ئىدى («مار.» 17:15، «يۇھ.» 2:19نى كۆرۈڭ). ئۇلار شۇ «شاھانە تون» ئارقىلىق ئەيسانى «پادىشاھ بولامسەن؟!» دەپ مازاق قىلماقچى.\f* \v 29 تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. \f □ \fr 27:29 \ft \+bd «\+bd*\+bdit ئۇلار\+bdit*... تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى» ــ ئۇلار قومۇشنى پادىشاھنىڭ شاھانە ھاسىسى سۈپىتىدە مازاق قىلىپ قولىغا تۇتقۇزغان.\f* \v 30 ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. \v 31 ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى \r مار. 15‏:21-32؛ لۇقا 23‏:26-39؛ يـۇھ. 19‏:17-19 \m \v 32 ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. \f □ \fr 27:32 \ft \+bd «...كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى»\+bd* ــ «ئەيسانىڭ كرېستى» ــ ئەيسا ئۆزىنى جازالايدىغان قورال بولغان شۇ كرېست (چاپراس ياغاچ)نى ئەسلىدە ئۆزى يۈدۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق قاتتىق قامچىلانغانكى، ھالسىراپ، يۈدۈپ ماڭالمىغان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 27:32 \xt مار. 15‏:21؛ لۇقا 23‏:26. \x* \v 33 ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، \x + \xo 27:33 \xt مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:33؛ يـۇھ. 19‏:17. \x* \v 34 \add ئەيساغا\add* ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى.\f □ \fr 27:34 \ft \+bd «...ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى»\+bd* ــ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن.\f*  \x + \xo 27:34 \xt زەب. 69‏:21\x* \m \v 35 لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. \x + \xo 27:35 \xt زەب. 22‏:18؛ مار. 15‏:24؛ يـۇھ. 19‏:23. \x* \v 36 ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى. \v 37 ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى.\x + \xo 27:37 \xt مار. 15‏:26؛ لۇقا 23‏:38؛ يـۇھ. 19‏:19. \x* \m \v 38 \add ئەيسا\add* بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى.\x + \xo 27:38 \xt يەش. 53‏:12. \x* \m \v 39 بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ:\x + \xo 27:39 \xt زەب. 22‏:8-9؛ 69‏:19-20؛ مار. 15‏:29؛ لۇقا 23‏:35. \x* \m \v 40 ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى.\x + \xo 27:40 \xt مات. 26‏:61؛ يـۇھ. 2‏:19. \x* \m \v 41 باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: \m \v 42 ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز. \v 43 ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى. \f □ \fr 27:43 \ft \+bd «ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي!»\+bd* ــ «زەب.» 8:22نى كۆرۈڭ.\f* \v 44 ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۆلۈمى \r مار. 15‏:33-41؛ لۇقا 23‏:44-49؛ يـۇھ. 19‏:28-30 \m \v 45 ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. \f □ \fr 27:45 \ft \+bd «كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە»\+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت سىستېمى بويىچە، «چۈش ۋاقتى، سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە».\f*  \x + \xo 27:45 \xt مار. 15‏:33؛ لۇقا 23‏:44. \x* \v 46 توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.\f □ \fr 27:46 \ft \+bd «توققۇزىنچى سائەتلەردە ...»\+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت بويىچە سائەت ئۈچلەردە. \+bd ««ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟»»\+bd* ــ (ئارامىي تىلىدىكى سۆزلەر) «زەب.» 1:22نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:46 \xt زەب. 22‏:1-2؛ ئىبر. 5‏:7. \x* \m \v 47 ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: \m بۇ ئادەم ئىلياس \add پەيغەمبەر\add*گە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 48 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى.\x + \xo 27:48 \xt زەب. 69‏:21؛ يـۇھ. 19‏:29. \x* \m \v 49 بىراق باشقىلار: \m ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس \add پەيغەمبەر\add* كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى. \m \v 50 ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.\f □ \fr 27:50 \ft \+bd «ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى»\+bd* ــ ئۇنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى: «تامام بولدى!» دېگەن بولسا كېرەك («يۇھ.» 30:19نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 27:50 \xt زەب. 31‏:5؛ لۇقا 23‏:46\x* \m \v 51 ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ \add ئىچكىرى\add* پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، \f □ \fr 27:51 \ft \+bd «شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى»\+bd* ــ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى سىرتتىكى ھويلىدىن ئايرىيدىغان يەنە بىر «سىرتقى پەردە» بار ئىدى، لېكىن بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە باشقا ئاتالغۇ ئىشلىتىلىدۇ).\f*  \x + \xo 27:51 \xt 2تار. 3‏:14؛ مار. 15‏:38؛ لۇقا 23‏:45. \x* \v 52‏-53 قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، \add ئۆلۈمدە\add* ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى).\f □ \fr 27:52‏-53 \ft \+bd ««مۇقەددەس شەھەر»»\+bd* ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى)»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قەبرىلەر ئېچىلدى، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن قەبرىلىرىدىن چىقىپ، مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى». لېكىن «1كور.» 20:15گە ئاساسەن («مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدىن خۇددى تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر») تەرجىمىمىز توغرا بولسا كېرەك.\f* \m \v 54 ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: \m ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى.\x + \xo 27:54 \xt مار. 15‏:39؛ لۇقا 23‏:47. \x* \m \v 55 ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. \x + \xo 27:55 \xt زەب. 38‏:11؛ مار. 15‏:40؛ لۇقا 8‏:2؛ 23‏:49. \x* \v 56 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى \r مار. 15‏:42-47؛ لۇقا 23‏:50-56؛ يـۇھ. 19‏:38-42 \m \v 57 كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. \x + \xo 27:57 \xt مار. 15‏:42؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 19‏:38. \x* \v 58 ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى. \v 59 يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى \v 60 ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى\x + \xo 27:60 \xt مار. 15‏:46؛ لۇقا 23‏:53. \x* \v 61 (شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى). \b \m \s1 قەبرىنى مۇھاپىزەت قىلىش \m \v 62 ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ:\f □ \fr 27:62 \ft \+bd «ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ...»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتلاردا كۆرسەتكىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «كۈن» ئەمەلىيەتتە كەچتە (سائەت ئالتىدە) باشلىنىدۇ. «تەييارلاش كۈنى» ــ «شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى) ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان كۈن»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەتىسى» ئەمەلىيەتتە شابات كۈنىنىڭ بېشىنى، يەنى شۇ كەچ سائەت ئالتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ «كاھىنلار» ئەيسانىڭ بېشارەت سۆزلىرىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىيلىشىپ، ئۆزلىرى قەدىرلەيدىغان شابات كۈنىدىكى «دەم ئېلىش» ئادىتىنى بۇزماقتا ئىدى.\f* \m \v 63 ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار. \x + \xo 27:63 \xt مات. 16‏:21؛ 17‏:23؛ 20‏:19؛ مار. 8‏:31؛ 10‏:34؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:33؛ 24‏:6. \x* \v 64 شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 65 پىلاتۇس ئۇلارغا: \m ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى. \v 66 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار \add كۆزەتچى لەشكەرلەر\add* بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى. \b \b \m \c 28 \s1 ئەيسانىڭ تىرىلىشى \r مار. 16‏:1-8؛ لۇقا 24‏:1-12؛ يـۇھ. 20‏:1-10 \m \v 1 شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى.\x + \xo 28:1 \xt مار. 16‏:1؛ لۇقا 24‏:1؛ يـۇھ. 20‏:1. \x* \v 2 ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، \add قەبرىگە\add* بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. \v 3 پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى.\x + \xo 28:3 \xt دان. 7‏:9؛ روس. 1‏:10. \x* \v 4 كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. \m \v 5 پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ: \m ــ قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.\x + \xo 28:5 \xt مار. 16‏:6؛ لۇقا 24‏:4. \x* \v 6 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛\x + \xo 28:6 \xt مات. 16‏:21؛ 17‏:23؛ 20‏:19؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:34؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:33؛ 24‏:6. \x* \v 7 ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى.\f □ \fr 28:7 \ft \+bd «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم»\+bd* ــ پەرىشتە: «گالىلىيەگە بېرىڭلار» دېگەن بولسىمۇ، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ھېچيەرگە بارماي يېرۇسالېمدا تۇرىۋەردى. رەب ئۆزى ئۇلارغا شۇنداق ئەمرنى ئاللىقاچان بەرگەنىدى («مات.» 23:26، «مار.» 28:14نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 28:7 \xt مات. 26‏:32؛ مار. 16‏:7. \x* \m \v 8 شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى.\x + \xo 28:8 \xt مار. 16‏:8؛ يـۇھ. 20‏:18. \x* \v 9 ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: \m ــ سالام سىلەرگە! ــ دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. \f □ \fr 28:9 \ft \+bd «سالام سىلەرگە!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 28:9 \xt مار. 16‏:9؛ يـۇھ. 20‏:14. \x* \v 10 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 28:10 \ft \+bd «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ»\+bd* ــ 7-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەسىھنىڭ ئۆزى قايتىدىن ئۇلارغا شۇنداق خەۋەر يەتكۈزگىنى بىلەن، ئۇلار يەنىلا بىر مەزگىل يېرۇسالېمدىن چىقماي، گالىلىيەگە بارمايدۇ («مات.» 23:26، 14:28، «ماركۇس» 16-باب، «لۇقا» 24-باب، «يۇھ.» 20-21-بابلارنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 28:10 \xt روس. 1‏:3؛ 13‏:31؛ 1كور. 15‏:5. \x* \b \m \s1 كۆزەتچىلەرنىڭ بايانى \m \v 11 ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى. \v 12 \add باش كاھىنلار\add* ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ: \m \v 13 ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار. \v 14 ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى. \f □ \fr 28:14 \ft \+bd «ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز»\+bd* ــ رىملىق مۇھاپىزەتچىلەر كۆزەتتە تۇرۇۋېتىپ ئۇخلىسا، دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولاتتى.\f* \v 15 شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. \b \m \s1 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا كۆرۈنۈشى \r مار. 16‏:14-18؛ لۇقا 24‏:36-49؛ يـۇھ. 20‏:19-23؛ مىس. 1‏:6-8 \m \v 16 ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى. \x + \xo 28:16 \xt مات. 26‏:32؛ مار. 14‏:28. \x* \v 17 ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى. \v 18 ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: \m ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. \x + \xo 28:18 \xt زەب. 8‏:5-6؛ مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 3‏:35؛ 17‏:2؛ 1كور. 15‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22؛ ئىبر. 2‏:8. \x* \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى \add ئۆزۈمگە\add* مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، \f □ \fr 28:19 \ft \+bd «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا كىرگۈزۈپ چۆمۈلدۈرۈپ،...». بۇنىڭ مەنىسى شۈبھىسىزكى، پەقەت «ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن»لا ئەمەس، بەلكى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرۈلگۈچىنىڭ ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىگىمۇ (كىرىپ) چۆمۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 28:19 \xt مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 15‏:16. \x* \v 20 ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.\x + \xo 28:20 \xt يـۇھ. 14‏:18. \x*