\id MAL \h مالاكى \toc1 مالاكى \toc2 مالاكى \toc3 مال. \mt1 مالاكى \c 1 \s1 «مالاكى پەيغەمبەر» \m \v 1 پەرۋەردىگاردىن مالاكىغا يۈكلەنگەن ۋەھىي، ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىلغا كەلگەن: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «يۈكلەنگەن ۋەھىي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ «ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 بىرىنچى مۇنازىرە ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان مۇھەببىتى \m \v 2 ــ مەن سىلەرنى سۆيۈپ كەلدىم ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «سەن بىزنى قانداقمۇ سۆيۈپ كەلدىڭ؟» ــ دەيسىلەر. \m ئەساۋ ياقۇپقا ئاكا بولغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق ياقۇپنى سۆيدۈم، \x + \xo 1:2 \xt رىم. 9‏:13\x* \v 3 ئەساۋغا نەپرەتلەندىم؛ ئۇنىڭ تاغلىرىنى چۆل قىلدىم، مىراسىنى چۆل-باياۋاندىكى چىلبۆرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ياقۇپنى سۆيدۇم، ئەساۋغا نەپرەتلەندىم»\+bd* ــ «پالانچىنى سۆيدۇم، پوستانچىغا نەپرەتلەندىم» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «پالانچىنى تاللىۋالدىم، پوستانچىنى رەت قىلدىم» دېگەن مەنىنى بىرقەدەر تەكىتلەيدىغان ئىبارە ئىدى.\f* \v 4 ئېدوم: «بىز ۋەيران قىلىندۇق، بىراق بىز خارابىلەشكەن جايلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز» ــ دېسە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ــ ئۇلار قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ. \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى ئېدوملار\+bdit* قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ» ــ ئېدوم خەلقى ئىسرائىلغا ھەردائىم ئۆچمەنلىك-ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنىدى. ئاخىرقى زاماندا ئۇلارنىڭ زېمىنى پۈتۈنلەي ئادەمزاتسىز بولۇپ، «ئوت-گۈنگۈرت كۆيدۈرىدىغان»، جىنلارنىڭ ماكانى بولىدۇ (مەسىلەن، «ئوبادىيا»نى، «يەش.» 34-بابنى كۆرۈڭ). خۇدا ئىسرائىلغا: «مانا ئېدوم زېمىنى ھەردائىم تاجاۋۇز قىلىنىپ، شەھەرلىرى بۈگۈنگە قەدەر خارابىلىكتە تۇرۇۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئۇلاردىن كۆپ ئەۋزەل، سىلەردە ئىبادەتخانا، شەھەرلەر ۋە ئارام-تىنچلىق بار، ئۇلاردىن ئوبدان ساۋاق ئېلىڭلار!» دېگەندەك بولسا كېرەك. ئېدومغا تاجاۋۇز قىلغانلار بابىللىقلار (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 587-586-يىلى) ۋە ئەرەبلەرنى (550-460-يىلى) ئۆز ئىچىگە ئالغان.\f* \v 5 سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر»\+bd* ــ «دېمەك، يات ئەللەر (ئەينى چاغدىكى بۇتپەرەس خەلقلەر) خۇدانىڭ كەلگۈسىدە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋەقە ئۇنىڭ تىرىك خۇدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئىككىنچى مۇنازىرە ــ كاھىنلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى \m \v 6 ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار! \m بىراق سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «كاھىن»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم.\f* \m \v 7 سىلەر قۇربانگاھىم ئۈستىگە بۇلغانغان ئوزۇقنى سۇنىسىلەر؛ ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ سېنى بۇلغاپ قويدۇق؟» ــ دەيسىلەر؛ ئەمەلىيەتتە سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر» ــ دەيسىلەر.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر»\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى»نى قانداق چۈشىنىمىز؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ بېغىشلانغان ھەممە قۇربانلىق ۋە ئۇلارغا قوشۇلغان «ئاشلىق ھەدىيە» ۋە «شاراب ھەدىيە» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى» دەپ ئاتالغان. كاھىنلارنىڭ بۇ داستىخاندىكى بەزى قۇربانلىقلاردىن بىر قىسمىنى يېيىش ھوقۇق-ئىمتىيازى بار ئىدى.\f* \m \v 8 كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر بۇنى سېنىڭ ۋالىيىڭغا سۇنۇپ باق؛ ئۇ سەندىن خۇرسەن بولامدۇ؟ ساڭا يۈز-خاتىرە قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، ھەربىر قۇربانلىق نۇقسانسىز بولۇشى كېرەك ئىدى. كور، توكۇر، كېسەل مال بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كىچىككىنە داغ بولسىمۇ بولمايتتى («لاۋ.» 22-بابنى، «قان.»، 19:15-21نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 ــ ئەمدى، قېنى، سىلەر تەڭرىدىن بىزگە شەپقەت كۆرسەتكەيسەن دەپ ئۆتۈنۈپ بېقىڭلار؛ قولۇڭلاردىن مۇشۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سىلەردىن ھەرقاندىقىڭلارنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \m \v 10 ــ ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا سىلەر قۇربانگاھىمدا بىكاردىن-بىكار ئوت قالاپ يۈرمەيتتىڭلار. مېنىڭ سىلەردىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە قولۇڭلاردىن ھېچقانداق «ئاشلىق ھەدىيە»نى قوبۇل قىلمايمەن.\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟»\+bd* ــ بىرسى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېتىۋەتسە، كاھىنلار ياكى باشقىلار خۇدا ئالدىغا مۇشۇنداق «ناپاك قۇربانلىقلار»نى ھېچ ئېلىپ كىرەلمەيتتى.\f*  \x + \xo 1:10 \xt يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21، 22.\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ نامىنى بۇلغاش \m \v 11 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ؛ چۈنكى نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ»\+bd* ــ «خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ» دېگەن پېئىلنىڭ شەكلى بەك ئالاھىدە، يات ئەللەر ئارىسىدىكى بەزىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا ھەتتا «باش كاھىن»غا ئوخشاش «خۇشبۇي ياندۇرۇش» ئىمتىيازىغا ئېرىشىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ. \+bd «پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پاك» دېگەن بۇ سۆز ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنىڭ «پاك» (ياكى بەزىدە «نۇقسانسىز»)لىقىنى تەسۋىرلەيدىغان ئادەتتىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، «تېخىمۇ پاك»لىقنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەللەر (يەھۇدىي ئەمەسلەر) ئارىسىدىكى بەزىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا «تەۋرات دەۋردىكىلەر»دىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ پاك بىرخىل ھەدىيەنى خۇداغا سۇنالايدۇ... بۇ ئىشلار ئىنجىلدا شەرھلىنىدۇ (مەسىلەن، «رىم.» 12-باب، 1-2-ئايەت).\f* \m \v 12 بىراق سىلەر بولساڭلار: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى بۇلغانغان، ئۇنىڭ مېۋىسى، يەنى ئاش-ئوزۇقى نەپرەتلىكتۇر» ــ دېگىنىڭلاردا، سىلەر ئۇنى ھارام قىلىسىلەر؛ \v 13 ۋە سىلەر: «مانا، نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك!» دەيسىلەر ۋە ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ سىلەر يارىلانغان، توكۇر ھەم كېسەل ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر. قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى شۇ پېتى ئېلىپ كېلىسىلەر؛ مەن بۇنى قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلامدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «...ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر»\+bd* ــ ياكى «...ئۇنىڭغا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر» ــ دېمەك، خۇدانىڭ داستىخىنىغا. \+bd «سىلەر يارىلانغان... ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر...»\+bd* ــ «يارىلانغان ... ماللار» بەلكىم يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن يارىلانغان. بۇنداق گۆشنى ھەتتا ئادەم يېسىمۇ بولمايتتى (تەۋرات، «مىس.» 31:22). بەزى ئالىملار بۇ سۆز كالا-قويلار «كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭدا تۇتۇۋېلىنغان» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 14 بەرھەق، پادىسىدا قوچقار تۇرۇپ، رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلۇغ پادىشاھدۇرمەن، نامىم ئەللەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىنىدىغان بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «...رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ»\+bd* ــ خۇدادىن بىر ئىشنى تىلەيدىغان ياكى خۇداغا تەشەككۈر ئېيتماقچى بولغان ئىسرائىللار بەزىدە ئالاھىدە بىر قۇربانلىق قىلىشقا قەسەم ئىچىدۇ، بىراق «خۇداغا ئېسىل مالنى سۇنىمەن» دەپ قەسەم ئىچكەن بۇ «ئالدامچى» ئۇنىڭ ئورنىغا «ناپاك» (قوتۇر، دېغى بار) بىر مالنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ.\f* \b \b \m \c 2 \m \v 1 ــ ئەمدى، ھەي كاھىنلار، بۇ ئەمر-پەرمان سىلەرگە چۈشتى: ــ \m \v 2 سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر \add شەرىپىمگە\add* كۆڭۈل قويمىدىڭلار. \x + \xo 2:2 \xt لاۋ. 26‏:14؛ قان. 28‏:15\x* \v 3 مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. \f □ \fr 2:3 \ft \+bd «مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش، «ئۇرۇق» دېگەن سۆز ھەم زىرائەتلەرنىڭ دانلىرى ھەم ئادەم پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بۇ يەردە قەستەن ئىككى بىسلىق مەنىدە ئىشلىتىلگەن. \+bd «ھېيتىڭلاردىكى پوق»\+bd* ــ ھېيتتىكى نۇرغۇن قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ پوقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ پوقلىرىنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ سىرتتا كۆيدۈرۈۋېتىش كاھىنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى (مەسىلەن، «مىس.» 14:29، «لاۋ.» 11:4).\f* \v 4 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بۇ ئەمرنى ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، مەقسەت، مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىۋېرىشى ئۈچۈندۇر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەم»\+bd* ــ «لاۋىي» ھەزرىتى ياقۇپنىڭ 12 ئوغلىدىن بىرى ئىدى، شۇڭا ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسىدىن بىرى بولغان. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا كاھىنلىق خىزمىتىنى لاۋىي قەبىلىسىگە تاپشۇرغان («مىس.» 32-باب، «چۆل.» 25-باب، «قان.» 8:11-33ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 5 ــ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ھەم ئارام-خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنى مەندىن قورقسۇن دەپ بۇلارنى ئۇنىڭغا بەردىم؛ ئۇ مەندىن قورقۇپ نامىم ئالدىدا تىترىگەنىدى. \v 6 ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان. \v 7 چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر. \m \v 8 ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \v 9 ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان. \b \m \s1 خەلقنىڭ ۋاپاسىزلىقى \m \v 10 ــ بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقۇچى پەقەت بىرلا تەڭرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ھەربىرىمىز ئۆز قېرىندىشىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇلغايمىز؟ \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ 10-17-ئايەتلەرگە قارىغاندا، «ئاتا» دېگەن خۇدانى كۆرسىتىدۇ. بىراق بەزى ئالىملار ئۇ «ھەزرىتى ئىبراھىم»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 11 يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى»\+bd* ــ «يات (ئەجنەبىي) بىر ئىلاھنىڭ قىزى» بۇ يەردە ئېيتىلغىنى، چەتئەللىك بىر قىز بىلەن توي قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇتقا چوقۇنىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلىش.\f* \v 12 ئۇنداق قىلغۇچى، يەنى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نى ئېلىپ كەلگۈچى بولسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ. \m \v 13 سىلەر شۇنىڭدەك شۇنداق قىلىسىلەركى، قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر ــ چۈنكى ئۇ قۇربانلىق-ھەدىيىلەرگە ھېچ قارىمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ رازى بولماي قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلمايدىغان بولدى.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ «كۆز ياشلىرى» خۇدا خەلقنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىنى (قۇربانلىقلار بۇلارغا قوشۇلغان بولسىمۇ) ئاڭلىمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن چىققان ياش بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار 14-ئايەتكە قارىغاندا كۆز ياشلىرىنى ۋاپاسىزلىققا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭكى، دەپ قارايدۇ (ئاياللار ئادەتتە قۇربانگاھ ئالدىدا كۆرۈنسە بولمايتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئازابلىق ياشلىرى خۇدا ئالدىدا «قۇربانگاھىمنى قاپلىغان» دەپ ھېسابلىغان). بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇقتەك بولغىنى بىلەن بىز بىرىنچى قاراشتا بولىمىز.\f* \v 14 بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. \m ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ. \v 15 خۇدا \add ئەر-ئايالنى\add* بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ \add خۇدا\add* نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن! \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «خۇدا ئەر-ئايالنى بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ خۇدا نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟»\+bd* ــ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىلىرى ھەرخىل. ئۇلاردىن بىرى: «كىمدە روھتىن (يەنى، خۇدانىڭ روھىدىن) ئازراق بار بولسىلا، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ». ئىبرانىي تىلىدا بۇ يەرنى چۈشىنىش تەس. بەزى ئالىملارمۇ بۇ ئايەتنى ئىبراھىمنىڭ پەرزەنت كۆرەي دەپ، ھەجەرنى ئېلىشى ساراھقا بىر خىل ۋاپاسىزلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. بىراق ئومۇمىي مەنىسى ھەممىگە ئايانكى، خۇدا ۋاپاسىزلىققا ۋە (گەرچە تەۋرات دەۋرىدە خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق تالاق بېرىشكە رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ) تالاق بېرىشكە ئۆچ (16-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 16 چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \m ــ شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار!\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن»\+bd* ــ كونا زامانلاردا بىرسى ئۆز چاپىنىنى ياكى تونىنى مەلۇم بىر قىزنىڭ ئۈستىگە ياپقان بولسا، بۇ ھەرىكەت بۇ قىزغا قوغدىغۇچى بولىمەن، ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن، دېگەننى بىلدۈرەتتى («رۇت» 3-باب، «ئەز. » 16-بابنى كۆرۈڭ). بىراق مۇشۇنداق ئەرلەر ئاياللىرىغا قوغدىغۇچى بولمايلا قالماستىن، ئۇلارغا ھەرخىل زۇلۇم-زورلۇقلارنى قىلاتتى ياكى ئاخىرىدا ئۇلارنى تالاق قىلاتتى؛ ئاندىن كېيىن (11-ئايەت) بۇتپەرەس قىز بىلەن توي قىلاتتى. \fp باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ««چۈنكى ئۇ جورىسىغا ئۆچ بولۇپ، ئۇنى تالاق قىلغان ۋە شۇنداقلا زوراۋانلىق بىلەن تونىنى ياپقان» ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، تەۋرات دەۋرىدە پەرۋەردىگارنىڭ: «ئۆچمەنلىك تالاق بېرىشكە سەۋەب بولمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەھدە ئەلچىسى كېلىدۇ - تەييار بولۇڭلار! \m \v 17 ــ سىلەر سۆزلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىدىڭلار، ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويماپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. \m سەۋر-تاقىتىنى قويمىغانلىقىڭلار بولسا دەل: «رەزىللىك قىلغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»؛ ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزگۈچى خۇدا زادى نەدىدۇر؟» ــ دېگىنىڭلەردە بولمامدۇ! \b \b \m \c 3 \m \v 1 ــ مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يول تەييارلايدۇ؛ سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مانا، مەن! مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن،...». \+bd «سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ»\+bd* ــ بەزىلەر «يەنى»نى «ۋە» دەپ تەرجىمە قىلىپ «سىلەر ئىزدىگەن رەب ۋە سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. \fp لېكىن ئۇنداق تەرجىمە توغرا بولسا، دېمەك ئىككىنىچ ئەلچى رەب ئۆزى بولمىسا، ئىبادەتخانىنى قانداقمۇ ئۆز ئىبادەتخانىسى دېگىلى بولسۇن؟ \fp ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پىكرىچە، شۇنداقلا بىزنىڭچە، بۇ ئايەت بويىچە ئىككى ئەلچى كېلىدۇ؛ (1) رەبنىڭ يولىنى تەييار قىلىدىغان ئەلچى («مېنىڭ ئەلچىم») ۋە (2) ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەب ئۆزى؛ رەب يەنە «ئەھدە ئەلچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى ئەلچى، شۇنداقلا «ئەھدە ئەلچىسى»نىڭ مەنىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. \fp بۇ ئەلچىنىڭ ئەۋەتىلىشى خۇدانىڭ خەلقلەرنىڭ ئېتىقادىسىز ئەرز-دادلىرىغا بولغان جاۋابىدۇر. شۇڭا «سىلەر ئىزدىگەن» ۋە «سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن» دېگەنلەرنى كىنايىلىك گەپ دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.\f*  \x + \xo 3:1 \xt مىس. 23‏:20-22؛ يەر. 31‏:31-34؛ ئ‍ەز. 36‏:26-28؛ مات. 3‏: 11-12؛ 11‏:10؛ 24‏:12-16؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 1‏:76؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 2‏:13-17؛ يەش. 40‏:3؛ ئىبر. 8‏:6؛ 12‏:24\x* \m \v 2 ــ بىراق ئۇنىڭ كەلگەن كۈنىدە كىم چىدىيالىسۇن؟ ئۇ كۆرۈنگەندە كىم تۇرالىسۇن؟ چۈنكى ئۇ تاۋلىغۇچىنىڭ ئوتى، كىرچىنىڭ ئاقارتقۇچ شولتىسىدەك بولىدۇ؛ \v 3 ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ. \x + \xo 3:3 \xt روس. 6‏:7\x* \m \v 4 ئاندىن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ قۇربانلىق-ھەدىيىلىرى پەرۋەردىگارغا كونا زامانلاردىكىدەك، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك شېرىن بولىدۇ. \v 5 مەن ھېساب ئېلىشقا سىلەرگە يېقىن كېلىمەن؛ مەن سېھىرگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەرگە، مەدىكارلارنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بوزەك قىلغۇچىلارغا، تۇل خوتۇنلار ھەم يېتىم-يېسىرلارنى خارلىغۇچىلارغا، يات ئادەملەرنى ئۆز ھەققىدىن ئايرىۋەتكۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك مەندىن ھېچ قورقمىغانلارغا تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \f □ \fr 3:5 \ft \+bd «تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ماھىر ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن».\f*  \x + \xo 3:5 \xt مىس. 20‏:7؛ 22‏:22؛ قان. 24‏:17؛ ئام. 2‏:7\x* \v 6 چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن؛ شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن»\+bd* ــ خۇدا ئۆزگەرمەس بولسا، ئۇنىڭ ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ئەۋلادلىرى ئىسرائىل توغرۇلۇق بولغان ۋەدىلىرىمۇ ئۆزگەرمەستۇر. \+bd «شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپ ئوغۇللىرىمۇ ھېچ ئۆزگەرمىگەن».\f*  \x + \xo 3:6 \xt زەب. 33‏:11-12؛ پەند. 19‏:21؛ يەش. 14‏:26، 27؛ 25‏:9؛ 46‏:10.\x* \m \v 7 ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ سىلەر بەلگىلىمىلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇلارنى ھېچ تۇتمىغانسىلەر. مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «بىز قانداقمۇ قايتىپ كېلىمىز؟» ــ دەيسىلەر. \x + \xo 3:7 \xt زەك. 1‏:3\x* \v 8 ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر! \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «كۆتۈرمە ھەدىيە»\+bd* ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق بىر تەرەپتىن بەزى قۇربانلىقلاردىن كاھىنلار ئۈچۈن ئايرىۋېتىلگەن بىر قىسمىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەرخىل (مەيلى مۇقەددەس قانۇن بېكىتكەن ياكى ئىختىيارى بىلەن بولغان) نەرسىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.\f* \v 9 سىلەر ئېغىر بىر لەنەتكە قالدىڭلار، چۈنكى ماڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىسىلەر ــ سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! \f □ \fr 3:9 \ft \+bd «سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر»\+bd* ــ «يات ئەل» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ ئىنتايىن كىنايىلىك گېپى. خەلق ئۇنىڭغا يات بولۇپ، بۇتپەرەس بىر ئەلگە ئوخشايدۇ.\f* \v 10 ئەمدى ئۆيۈمدە ئاشلىق بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار ۋە شۇنداقلا مېنى سىناپ بېقىڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن ئاسماننىڭ دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ سىلەرگە پاتقۇزالمىغۇدەك بىر بەرىكەتنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟ \v 11 شۇنداق بولغاندىلا مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن، ئۇ توپرىقىڭلاردىكى مېۋىلەرنى ۋەيران قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ باغ-ئېتىزلىرىڭلاردىكى تال ئۈزۈملەر ۋاقىتسىز تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن»\+bd* ــ «يالمىغۇچى» بولسا ھەرخىل زىيانلىق ھاشارەت-ھايۋانلارنى (مەسىلەن، چېكەتكىنى) كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 12 ــ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەر سىلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى يېرىڭلار ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىر زېمىن بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \b \m \s1 خالايىق يەنە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ \m \v 13 ــ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار ماڭا قاتتىق تەگدى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر يەنە: «بىز سەن بىلەن قارشىلىشىدىغان نېمە سۆز قىلدۇق؟» ــ دەيسىلەر. \x + \xo 3:13 \xt ئايۇپ 21‏:14، 15.\x* \m \v 14 ــ سىلەر: «خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش بىھۇدىلىكتۇر» ھەم: «ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ماتەم تۇتقان كىشىلەردەك يۈرۈشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟» ــ دەيسىلەر، \v 15 ھەم شۇنىڭدەك: «تەكەببۇرلارنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز؛ رەزىللىك قىلغۇچىلار روناق تاپىدۇ؛ ئۇلار بەرھەق خۇدانى سىنايدۇ، بىراق قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» ــ دەيسىلەر. \b \m \v 16 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار \add بۇنى ئاڭلاپ\add* پات-پات بىر-بىرى بىلەن مۇڭداشتى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى نەزىرىگە ئالدى، سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى.\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى»\+bd* ــ بۇ كىتابنى قەيەردە، ئاسماندا ياكى زېمىندا، ياكى كىم يازغانلىقى دېيىلمىگەن.\f* \m \v 17 ــ بۇ كىشىلەر بولسا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە گۆھەرىمنى يىغقان كۈنىدە مېنىڭكى بولىدۇ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن خۇددى ئادەم ئۆز خىزمىتىدە بولغان ئوغلىغا ئىچىنى ئاغرىتقاندەك ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن. \x + \xo 3:17 \xt مىس. 19‏:5؛ يـۇھ. 10‏:29؛ يەش. 62‏:3؛ فىل. 4‏:1؛ 1تېس. 2‏:19\x* \v 18 سىلەر قايتىپ كېلىسىلەر ۋە ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «سىلەر قايتىپ كېلىسىلەر»\+bd* ــ ئاخىرقى زاماندا، ئىسرائىللارنىڭ قالدىسىنىڭ ئۆز زېمىنىگە قايتىپ كېلىشى ياكى ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 4 \s1 ئاخىرقى زامان ــ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى \m \v 1 ــ چۈنكى مانا شۇ كۈن، خۇمداندەك كۆيدۈرگۈچى كۈن كېلىدۇ؛ ھەربىر تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەم ھەربىر رەزىللىك قىلغۇچى پاخالدەك بولىدۇ؛ شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارغا نە يىلتىز نە شاخ قالدۇرۇلمايدۇ. \x + \xo 4:1 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13. \x* \v 2 لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛ \f □ \fr 4:2 \ft \+bd «نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ»\+bd* ــ «قاناتلىرى» بەلكىم «ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش»نىڭ نۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەققانىيلىق قۇياشى» دېيىلىدۇ. مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 3 سىلەر رەزىللەرنى چەيلەپ دەسسىۋېتىسىلەر؛ ئۇلار مەن تەييارلىغان كۈنىدە تاپىنىڭلار ئاستىدا كۈل بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \b \m \s1 ئاخىرقى دەۋەت ۋە بېشارەت \m \v 4 ــ مەن ھورەب تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن قۇلۇم مۇساغا بۇيرۇغان قانۇننى، يەنى بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى يادىڭلاردا تۇتۇڭلار.\x + \xo 4:4 \xt قان. 6‏:3\x* \m \v 5 ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال مەن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. \x + \xo 4:5 \xt مات. 11‏:14؛ 17‏:11، 12، 13؛ مار. 9‏:11، 12، 13؛ لۇقا 1‏:17؛ 9‏:30؛ ۋەھ. 11‏:3-12.\x* \v 6 ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن.