\id LUK \h لۇقا \toc1 لۇقا \toc2 لۇقا \toc3 لۇقا \mt1 لۇقا \c 1 \s1 «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• مۇقەددىمە \m \v 1 گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،...»\+bd* ــ «ئارىمىزدا» ــ دېمەك ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلەر ئارىسىدا. «ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلار» دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئارىمىزدا (تولۇق) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىشلار». ئىككىلا تەرجىمىسى ئوخشاشلا ئەيسا مەسىھگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 2 (خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)،\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «سۆز-كالام»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تاپشۇرغان بارلىق تەلىمىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر»\+bd* ــ ياكى «غوجىدار» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە ئالاھىدە مەنىسى بار. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە بولغان ئۆز گۇۋاھچىلىقىنى ئاغزاكى تارىخلارغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ئۇنى باشقىلارغا يادلىتىپ تاپشۇردى. مۇشۇ «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر» بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ جامائىتىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ «كالام-سوز»نىڭ تارىخلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن مەسئۇل بولغان «ئامانەتچىلەر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى بۇ ئاغزاكى تارىخلارنى يېزىشقا كىرىشكەنىدى. لۇقا بولسا بۇ تارىخلارنى (1) تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان (2) ئاندىن ئۇلارنى مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ ئىسپاتلىغان ئەھۋالدا بۇلارنى تەرتىپ بويىچە خاتىرىلىگەنىدى.\f* \v 3 مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن...»\+bd* ــ «باشتىن» دېگەن بۇ سۆز گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى: لۇقا «بايان»ىدا خاتىرىلىگەن بارلىق ۋەقەلەرنى ئۇ پەقەت \+bd ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار\+bd*نىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ خاتىرىلىگەن؛ «باشتىن» يەنە قوشۇمچە: «يۇقىرىدىن»، «ئەرشتىن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ دېمەك، لۇقا بۇ خاتىرىنى يېزىشقا ئەرشتىن بولغان تۈرتكە بار ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۇنى مۇقەددەس روھنىڭ يوليورۇقى ۋە ئىلھامى ئاستىدا يازغان. \+bd «تېئوفىلۇس»\+bd* ــ مۇنۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق ئىنجىلدىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مەنىسى «خۇدانى سۆيگۈچى».\f* \v 4 بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. \b \m \s1 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن بېشارەت \m \v 5 يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd ««ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى\+bd* ــ «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتى» «1تار.» 10:24دە، كاھىنلارنىڭ جەمەتىنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «دىجورنىلىق» تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. كاھىنلارنىڭ (ھەممىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى) يىللىق خىزمىتى 24 نۆۋەتكە بۆلۈنەتتى. «كاھىنلىق جەمەتى»دىكىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ئون بەش كۈن نۆۋەت كېلەتتى. «ئابىيا» نۆۋىتى» بۇ يىگىرمە تۆت نۆۋەتتىن بىرى ئىدى. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە، كاھىنلارنىڭ سانلىرىغا ئاساسەن، ھەربىر كاھىن ئۆمرىدە «مۇقەددەس جاي»دا خۇشبۇي سېلىشتىن ئىبارەت ئىمتىيازلىق خىزمەتكە بىرلا قېتىم مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. \+bd «ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ...»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاكىسى «ھارۇن» بىرىنچى «باش كاھىن» ئىدى؛ كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەركەك ئەۋلادلىرى كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى.\f*  \x + \xo 1:5 \xt 1تار. 24‏:10. \x* \v 6 ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ «ھەققانىي» ۋە «ئەيىبسىز» دېيىلگەنلىكى ئۇلارنى «گۇناھسىز» دېگەنلىك ئەمەس. تەۋرات قانۇنى بويىچە كىشىلەر ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىپ، شۇنداقلا تەۋرات بويىچە كېرەك بولغان گۇناھنى تىلەيدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغان بولسا، خۇدا ئالدىدا ئەيىبسىز دەپ ھېسابلىناتتى.\f* \v 7 ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «... ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىن ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىقكى، خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم ئايالى تۇغماس بولسىمۇ، نېمىلا بولمىسۇن شۇ سەۋەبتىن ئايالى بىلەن ھەرگىز ئاجراشمايدۇ.\f* \m \v 8 ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا \add ئىبادەتخانىدا\add* نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا،\x + \xo 1:8 \xt 1تار. 24\x* \v 9 \add شۇ چاغدىكى\add* كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى. \x + \xo 1:9 \xt مىس. 30‏:7؛ لاۋ. 16‏:17. \x* \v 10 ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى»\+bd* ــ ««مۇقەددەس جاي»غا كىرىپ خۇشبۇي سېلىش» ۋەزىپىسى ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت توققۇزدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، ئىككى قېتىملا ئادا قىلىناتتى («مىس.» 7:30-8).\f* \v 11 تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى. \v 12 ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى. \v 13 بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: \m ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن»\+bd* ــ «يەھيا» ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدا «يۇھاننا» («پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتى» دېگەن مەنىدە) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ («يەھيا» ئەسلى ئەرەبچە سۆز ئىدى). «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ شەكىلدە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇ تەرجىمىدە ئىشلەتتۇق.\f*  \x + \xo 1:13 \xt لۇقا 1‏:60. \x* \v 14 ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. \x + \xo 1:14 \xt لۇقا 1‏:58. \x* \v 15 چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. \x + \xo 1:15 \xt چۆل. 6‏:1-8؛ ھاك. 13‏:4. \x* \v 16 ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. \x + \xo 1:16 \xt مال. 3‏:24؛ مات. 11‏:14. \x* \v 17 ئۇ \add رەبنىڭ\add* ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ...»\+bd* ــ «ئىتائەتسىزلەر» خۇداغا ئىتائەت قىلمايدىغانلار. \fp «ئاقىلانىلىكىگە» گرېك تىلىدا «ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرىغا». \+bd « ئۇ رەبنىڭ ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ.... رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «رەبنىڭ ئالدىدا» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئالدىدا». بۇ سۆز تەۋراتتىكى «يەش.» 1:40-11، «مال.» 1:3 ۋە 5:4-6گە ئاساسلانغان؛ بۇ ئۇلۇغ بېشارەتلەر بويىچە رەب ئۆزى يەر يۈزىگە كەلمەكچى بولىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلگەن «ئالدىن يۈرگۈچى»سى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خەلقنى (توۋىغا كەلتۈرۈپ) تەييارلىشى بىلەن يول تەييارلايدۇ. بېشارەت قىلىنغان بۇ ئەلچى يەھيا ئۆزى ئىدى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:17 \xt مال. 3‏:23-24؛ مات. 3‏:2؛ مار. 9‏:12. \x* \m \v 18 زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 1:18 \xt يار. 17‏:17. \x* \m \v 19 پەرىشتە جاۋابەن: \m ــ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم. \v 20 ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى. \v 21 ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى. \v 22 ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. \m \v 23 شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ \add ئىبادەتخانىدىكى\add* خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى. \v 24 دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي: \v 25 «ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى.\x + \xo 1:25 \xt يار. 30‏:23؛ يەش. 4‏:1. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت \m \v 26‏-27 \add ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ\add* ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت \add پادىشاھنىڭ\add* جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى.\x + \xo 1:26‏-27 \xt مات. 1‏:18. \x* \m \v 28 جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: \m ــ سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! ــ دېدى.\f □ \fr 1:28 \ft \+bd «ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئەي، قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن!» دېگەن سۆزلەرمۇ قوشۇلىدۇ. 42-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 29 ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. \v 30 پەرىشتە ئۇنىڭغا: \m ــ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن. \v 31 مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. \f □ \fr 1:31 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن»\+bd* ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. «مات.» 21:1نىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىزاھىتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:31 \xt يەش. 7‏:14. \x* \v 32 ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. \f □ \fr 1:32 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ»\+bd* ــ تەۋراتتىكى كۆپ بېشارەتلەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ (1) داۋۇتنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس بولۇپ ئاۋۋال ئىسرائىلغا، ئاندىن پۈتكۈل دۇنياغا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەبۇر» 18-كۈي (بولۇپمۇ 43-ئايەت)، 26:89-37، 11:132، «يەش.» 6:9-7، 5:16، «يەر.» 5:23، «ئام.» 11:9-12 «دان.» 44:2، 13:7-14، 27، «مىك.» 2:5-4 قاتارلىقلار).\f*  \x + \xo 1:32 \xt 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 9‏:6؛ 54‏:5. \x* \v 33 ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 1:33 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ جەمەتى»\+bd* ــ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:33 \xt 1تار. 22‏:10؛ زەب. 45‏:6؛ 89‏:36؛ يەر. 23‏:5؛ دان. 7‏:14،27؛ مىك. 4‏:7؛ ئىبر. 1‏:8. \x* \m \v 34 مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: ــ مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 35 پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس \add پەرزەنت\add* خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. \f □ \fr 1:35 \ft \+bd «سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «سەندىن تۇغۇلىدىغان پەرزەنت مۇقەددەس، خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ».\f* \v 36 ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. \v 37 چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 1:37 \xt ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ مات. 19‏:26؛ لۇقا 18‏:27. \x* \m \v 38 مەريەم: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. \b \m \s1 مەريەمنىڭ ئېلىزابىتنى يوقلىشى \m \v 39 مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. \v 40 ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى. \v 41 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: \m ــ قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! \f □ \fr 1:41 \ft \+bd «قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ ئېلىزابىت مەريەمگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگەن، ئەلۋەتتە. بۇ ئايەتتىكى «بەختلىك» (گرېك تىلىدا «ماكارىئوس») دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇبارەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇشى كېرەك. ئىبرانىي تىلىدا «مۇبارەك»نىڭ مەنىسى: ــ (1) بەختلىك، (2) خۇدا تەرىپىدىن بەرىكەتلەنگەن؛ (3) خەلق تەرىپىدىن بەخت تىلەنگەن ۋە ئۇلۇغلانغان.\f* \v 43 ماڭا شۇنداق \add شەرەپ\add* نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! \v 44 چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى. \v 45 ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!\f □ \fr 1:45 \ft \+bd «ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى «پەرۋەردىگاردىن ئەۋەتىلگەن سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دەپ ئىشەنگۈچى نەقەدەر بەختلىكتۇر!».\f*  \x + \xo 1:45 \xt لۇقا 11‏:28. \x* \b \m \s1 مەريەم بېشارەت قىلىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ \m \v 46 مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ \b \m «جېنىم رەبنى ئۇلۇغلايدۇ، \v 47 روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى،\f □ \fr 1:47 \ft \+bd «روھىم ... خۇدادىن شادلاندى»\+bd* ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «روھىم ... خۇدادا شادلاندى» ــ (1) خۇدا تۈپەيلىدىن شادلانغانلىقىنى؛ (2) خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ شادلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \fp ئوقۇرمەن 46- ۋە 47-ئايەتتىن ئىنساننىڭ «جان» ۋە «روھ» ئارىسىدا بولغان مۇناسىۋەتنى كۆرەلەيدۇ ــ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئىنساننىڭ روھىدا باشلىنىدۇ ۋە كېيىن «جېنى»دا (دېمەك، ئىنساننىڭ ئويلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىدا) تولۇقلىنىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «روھ» ۋە «جان» توغرۇلۇق كۆرۈڭ.\f* \m \v 48 چۈنكى ئۇ دېدىكىنىڭ مىسكىن ھالىغا نەزەر سالدى؛ \m چۈنكى مانا، شۇندىن باشلاپ بارلىق دەۋرلەر مېنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ؛ \m \v 49 چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ \m مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى. \m \v 50 ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر،\x + \xo 1:50 \xt مىس. 20‏:6. \x* \m \v 51 ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى، \m ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى.\f □ \fr 1:51 \ft \+bd «ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ كۆڭلىدىكى ئوي-خىياللىرىدا تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلەرنى تارمار قىلدى».\f*  \x + \xo 1:51 \xt زەب. 33‏:10؛ يەش. 51‏:9؛ 52‏:10؛ 1پېت. 5‏:5. \x* \m \v 52 ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى، \m پېقىرلارنى ئېگىز كۆتۈردى.\x + \xo 1:52 \xt 1سام. 2‏:8؛ زەب. 113‏:6. \x* \m \v 53 ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى، \m لېكىن بايلارنى قۇرۇق قول قايتۇردى.\x + \xo 1:53 \xt زەب. 34‏:9-10\x* \m \v 54‏-55 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك، \m يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك، \m ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، \m قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى».\f □ \fr 1:54‏-55 \ft \+bd «ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، ...»\+bd* ــ «(خۇدانىڭ) ئۆز رەھىم-شەپقىتى» مۇشۇ يەردە بەلكىم تەۋراتتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ ئىبارە خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قىلغان بارلىق شاپائەتلىك ۋەدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يۇقىرىقى سۆزنى كۆرۈڭ). \+bd «... قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى»\+bd* ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:54‏-55 \xt يەش. 30‏:18؛ 41‏:9؛ 54‏:5؛ يەر. 31‏:2،20؛ يار. 17‏:19؛ 22‏:18؛ زەب. 132‏:11. \x* \b \m \v 56 مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. \b \m \s1 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى \m \v 57 ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. \v 58 ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى. \x + \xo 1:58 \xt لۇقا 1‏:14. \x* \v 59 ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. \x + \xo 1:59 \xt يار. 17‏:12؛ لاۋ. 12‏:3. \x* \v 60 لېكىن ئانىسى جاۋابەن: \m ــ ياق! ئىسمى يەھيا ئاتالسۇن ــ دېدى.\x + \xo 1:60 \xt لۇقا 1‏:13\x* \m \v 61 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى. \v 62 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى. \m \v 63 ئۇ بىر پارچە \add موم\add* تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. \f □ \fr 1:63 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا ۋە ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىسمى يۇھاننادۇر».\f* \v 64 شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى. \v 65 ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى. \v 66 بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى. \b \m \s1 زەكەرىيانىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدىكى بېشارىتى \m \v 67 شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ \m \v 68 «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! \m چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى ھۆر قىلدى.\f □ \fr 1:68 \ft \+bd « \+bd*\+bdit خۇدا\+bdit* ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،...» ــ «يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىش» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «خۇدانىڭ يوقلىشى» ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يېقىن كېلىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «ئۇ \+bd*\+bdit خۇدا\+bdit* بەدەل تۆلۈپ ئۇلارنى \+bdit ، يەنى ئۆز خەلقىنى\+bdit* ھۆر قىلدى» ــ بۇ سۆزلەر ئېيتىلغان ۋاقىت يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى ئۇلارغا بېقىندى ئىدى. «ھۆر بولۇش» مۇشۇ يەردە روھىي ئەركىنلىكنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە مۇھىم بولغىنى ئەل-يۇرتنىڭ «مۇستەقىللىق»ى ئەمەس، بەلكى ھەربىرىمىزنىڭ گۇناھىمىزدىن ئازاد بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر.\f* \m \v 69‏-71 ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، \m قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى؛ \m بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر.\f □ \fr 1:69‏-71 \ft \+bd «ەدىمدىن بېرى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەزەلدىن بېرى». \+bd «قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى...»\+bd* ــ «مۈڭگۈز» بولسا مەلۇم ئەلنىڭ ياكى ئادەمنىڭ شان-شەرىپىنى، كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە بۇ «مۈڭگۈز» ئىسرائىلنى (گۇناھلىرىدىن) قۇتقۇزۇپ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك بىر خەلق قىلىدۇ؛ سۆزنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسەتكەنلىكىدە گۇمان يوق. \+bd «بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر»\+bd* ــ «بۇ زات» گرېك تىلىدا «ئۇ» دېيىلىپ، مۇشۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مۈڭگۈز»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:69‏-71 \xt زەب. 132‏:17؛ زەب. 72‏:1-14؛ يەش. 40‏:10؛ يەر. 23‏:6؛ 30‏:10؛ دان. 9‏:27. \x* \m \v 72‏-75 ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، \m مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، \m يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، \m بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، \m بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، \m خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى.\f □ \fr 1:72‏-75 \ft \+bd «ئۇ... مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى»\+bd* ــ قايتىلايمىزكى، بۇ بارلىق ئىشلاردا: (1) خۇدا ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرگە نىجات توغرۇلۇق كۆپ ۋەدىلەرنى قىلغان؛ (2) ئۇ بۇ ۋەدىلەرگە ئاساسەن، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسىھىنى ئەۋەتىدۇ. ھەممە ئىشلار 69-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «نىجات مۈڭگۈزى»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئارقىلىقلا بولىدۇ.\f*  \x + \xo 1:72‏-75 \xt يار. 22‏:16؛ زەب. 105‏:9؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 6‏:13،17؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:15. \x* \m \v 76 ئەمدى سەن، ئى بالام، \m ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛ \m چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن.\f □ \fr 1:76 \ft \+bd «...سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈزى ئالدىداماڭىسەن».\f*  \x + \xo 1:76 \xt لۇقا 1‏:17؛ مال. 3‏:23. \x* \m \v 77 ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛\x + \xo 1:77 \xt لۇقا 3‏:3. \x* \m \v 78‏-79 چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، \m قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن، \m پۇتلىرىمىزنى ئامانلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن، \m ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى.\f □ \fr 1:78‏-79 \ft \+bd «خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن...»\+bd* ــ «يەش.» 1:9-2، 7:42، 9:49-10نى كۆرۈڭ. \+bd «ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى»\+bd* ــ «تاڭ شەپىقى» بولسا يەنە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:78‏-79 \xt يەش. 9‏:1؛ 42‏:7؛ 43‏:8؛ 49‏:9؛ 60‏:1. \x* \b \m \v 80 بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىنغۇچە چۆللەردە ياشاپ كەلدى.\f □ \fr 1:80 \ft \+bd «بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە يەھيانىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:80 \xt لۇقا 2‏:40. \x* \b \b \m \c 2 \s1 ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى \r مات. 1‏:18-25 \m \v 1 ئەمدى شۇ كۈنلەردە، \add رىم ئىمپېراتورى\add* قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «قەيسەر ئاۋغۇستۇس»\+bd* ــ «قەيسەر» رىم ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى. «قەيسەر ئاۋغۇستۇس» بولسا رىم ئىمپېرىيەسى ئۈستىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 27-يىلىدىن مىلادىيە 14-يىلىغىچە سەلتەنەت قىلدى.\f* \v 2 تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ رويخەت كىرىنىيۇسنىڭ سۇرىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تىزىملاش ئىدى».\f* \v 3 شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى. \m \v 4 يۈسۈپمۇ داۋۇت \add پادىشاھنىڭ\add* جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «داۋۇت پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا...»\+bd* ــ دېمەك، يۈسۈپنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەر»\+bd* ــ «شەھەر» دېيىلگىنى بىلەن بەيت-لەھەم ئىنتايىن كىچىك بىر يۇرت ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدىن ئون ئىككى كىلومېتر يىراقلىقتا.\f*  \x + \xo 2:4 \xt 1سام. 16؛ مىك. 5‏:1؛ مات. 1‏:1؛ يـۇھ. 7‏:42. \x* \v 5 نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى. \v 6 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. \v 7 بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ...»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھ قاچان تۇغۇلدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ئىش توغرۇلۇق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 2:7 \xt مات. 1‏:25. \x* \b \m \s1 پەرىشتىلەرنىڭ پادىچىلارغا كۆرۈنۈشى \m \v 8 شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى. \v 9 ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى. \v 10 بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: \m ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن. \v 11 چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر! \v 12 \add ئۇنى\add* تېپىشىڭلار \add ئۈچۈن\add* شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، ــ دېدى.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىر ئوقۇردا ياتقان، زاكىلانغان بىر بوۋاقنى تاپىسىلەر».\f* \m \v 13 بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «ساماۋى قوشۇندىكىلەر»\+bd* ــ پەرىشتىلەر.\f*  \x + \xo 2:13 \xt دان. 7‏:10؛ ۋەھ. 5‏:11. \x* \b \m \v 14 «ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! \m يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى.\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەر يۈزىدە ئىنسانلارغا ئامانلىق، شاپائەت بولسۇن!»\f*  \x + \xo 2:14 \xt يەش. 57‏:19؛ ئ‍ەف. 2‏:17. \x* \m \v 15 پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: \m ــ بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، ــ دېيىشتى. \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ شەھەرگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى ۋە ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى ئىزدەپ تاپتى. \v 17 پادىچىلار \add بوۋاقنى\add* كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى كەڭ تارقىتىۋەتتى. \v 18 بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. \v 19 مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يۈرەتتى. \v 20 پادىچىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيە ئوقۇشقان پېتى قايتىشتى؛ بارلىق ئىشلار دەل ئۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈلگەندەك بولۇپ چىققانىدى. \b \m \s1 يۈسۈپ ۋە مەريەمنىڭ ئەيسانى خۇداغا ئاتىشى \m \v 21 بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى.\x + \xo 2:21 \xt يار. 17‏:12؛ لاۋ. 12‏:3؛ مات. 1‏:21؛ لۇقا 1‏:31؛ يـۇھ. 7‏:22. \x* \m \v 22 ئەمدى مۇسا \add پەيغەمبەرگە\add* چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى \f □ \fr 2:22 \ft \+bd «يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلارنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا...». مەريەمنىڭ قىرىقى توشقاندا، ئۆزى ۋە مەلۇم ئەھۋالدا يۈسۈپ ئىككىسى تەۋرات قانۇنى بويىچە «پاكلىنىش»ى كېرەك بولاتتى («لاۋ.» 2:12-4، «مىس.» 2:13نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:22 \xt لاۋ. 12‏:6. \x* \v 23 (پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك) \f □ \fr 2:23 \ft \+bd «بارلىق تۇنجى ئوغۇل»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بارلىق بالىياتقۇنى (تۇنجى) ئاچقان بالا». \+bd ««بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك...»\+bd* ــ بۇ مۇقەددەس قانۇندىكى ئەمرلەر «مىس.» 29:22، 19:34، «لاۋ.» 1:12-8، «چۆل.» 44:3-47نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:23 \xt مىس. 13‏:2،12؛ چۆل. 3‏:13؛ 8‏:16،17. \x* \v 24 ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى.\f □ \fr 2:24 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك»\+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە، ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن (نامرات بولسا) مۇشۇنداق كەپتەر قۇربانلىقىنى (يېرۇسالېمدىكى) ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ، سويۇپ سۇنۇش ئۈچۈن مەسئۇل كاھىنغا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 2:24 \xt لاۋ. 12‏:8. \x* \m \v 25 ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى. \f □ \fr 2:25 \ft \+bd «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»\+bd* ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 26 ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. \v 27 ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ \add ھويلىلىرىغا\add* كىردى؛ ئاتا-ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە، \v 28 سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ \b \m \v 29 «ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛\f □ \fr 2:29 \ft \+bd ««ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن..»\+bd* ــ سىمېئون ئۆزىنىڭ ئۆمۈرۋايەت تەقەززا بولغىنىنى (يەنى خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرۇپ، ئەۋەتكەن مەسىھىنى) كۆرگەندىن كېيىن دۇنيادىن كېتىشكە رازى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 2:29 \xt يار. 46‏:30. \x* \m \v 30 چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى،\x + \xo 2:30 \xt زەب. 98‏:2-3؛ يەش. 52‏:10. \x* \m \v 31 ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛\f □ \fr 2:31 \ft \+bd «ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن...»\+bd* ــ «ئۇ» ــ خۇدانىڭ نىجاتى، يەنى مەسىھ.\f*  \x + \xo 2:31 \xt روس. 28‏:28. \x* \m \v 32 ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر، \m ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»\f □ \fr 2:32 \ft \+bd «\+bd*\+bdit يات\+bdit* ئەللەر» ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا يات ئەللەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەقىقىي خۇدانى تونۇماي، بۇلارغا چوقۇنغانىدى.\f*  \x + \xo 2:32 \xt يەش. 42‏:6؛ 49‏:6؛ روس. 13‏:47. \x* \b \m \v 33 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. \v 34 سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى: \m ــ مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، \add خۇدانىڭ\add* بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ. \x + \xo 2:34 \xt يەش. 8‏:14؛ رىم. 9‏:32؛ 1پېت. 2‏:8. \x* \v 35 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!\f □ \fr 2:35 \ft \+bd «... ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قىلىچ» مۇشۇ يەردە يوغان، ئىككى بىسلىق بىرخىل قىلىچنى كۆرسىتىدۇ. مەريەمنىڭ كۆڭلىگە سانجىغان ئىشلار ئوغلىنىڭ ئىسرائىل تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقۇزۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگىنىدىن بولغان دەرد-ئەلەمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 36 شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، \f □ \fr 2:36 \ft \+bd «ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەر...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاننا» ئىبرانىي تىلىدا «ھانناھ» دېيىلگەن.\f* \v 37 ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. \f □ \fr 2:37 \ft \+bd «ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ،...».\f*  \x + \xo 2:37 \xt 1سام. 1‏:22. \x* \v 38 ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.\f □ \fr 2:38 \ft \+bd «نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىق»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «نىجات-ھۆرلۈك» \+bd خۇدانىڭ\+bd* بەدەل تۆلەپ، گۇناھلاردىن خالاس قىلغان روھىي ئازادلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 39 \add يۈسۈپ\add* بىلەن \add مەريەم\add* تەۋراتتا بېكىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، گالىلىيەگە، ئۆز شەھىرى ناسارەتكە قايتتى. \v 40 بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى.\f □ \fr 2:40 \ft \+bd «بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە ئەيسانىڭ ئۆز (ئىنسانىي) روھىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:40 \xt لۇقا 1‏:80. \x* \b \m \s1 ياش ئەيسا ئىبادەتخانىدا \m \v 41 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى. \x + \xo 2:41 \xt مىس. 23‏:15،17؛ لاۋ. 23‏:5؛ قان. 16‏:1. \x* \v 42 ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئادىتى بويىچە يەنە چىقىپ باردى. \v 43 ھېيت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، بالا ئەيسا يېرۇسالېمدا قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى، \v 44 بەلكى ئۇنى سەپەرداش-ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر كۈن يول يۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشكە باشلىدى؛ \v 45 ئىزدەپ تاپالماي، ئۇلار كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ يەنە ئىزدىدى. \m \v 46 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى. \f □ \fr 2:46 \ft \+bd «ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا .. تاپتى»\+bd* ــ «ئۈچىنچى كۈنى» گرېك تىلىدا «ئۈچ كۈندىن كېيىن». بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ ئۆيگە قاراپ مېڭىشقا بىر كۈن، يېرۇسالېمغا قايتىشقا بىر كۈن، ئاندىن يېرۇسالېمدا تۇرۇپ ئىزدەشكە بىر كۈن كەتكەنىدى، دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 47 ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. \x + \xo 2:47 \xt مات. 7‏:28؛ مار. 1‏:22؛ لۇقا 4‏:22،32؛ يـۇھ. 7‏:15. \x* \v 48 ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: \m ــ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭ؟ ئاتاڭ ئىككىمىز پاراكەندە بولۇپ سېنى ئىزدەپ كەلدۇق! ــ دېدى. \m \v 49 ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. \f □ \fr 2:49 \ft \+bd «ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە كۆزقارىشى بويىچە، بالا ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە: (1) تولۇق تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؛ (2) ئاتىسىنىڭ ئىش-خىزمىتىگە شېرىك بولىدۇ. \fp مۇشۇ يەردە باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولۇشۇم كېرەكلىكىم...».\f* \v 50 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى.\x + \xo 2:50 \xt لۇقا 9‏:45؛ 18‏:34. \x* \m \v 51 ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. \v 52 شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئاقىلانىلىك-دانالىقتا ۋە قامەتتە يېتىلىپ، خۇدا ۋە كىشىلەر ئالدىدا بارغانسېرى سۆيۈلمەكتە ئىدى.\x + \xo 2:52 \xt 1سام. 2‏:26؛ لۇقا 1‏:80. \x* \b \b \m \c 3 \s1 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تەلىم بېرىشى \r مات. 3‏:1-12؛ مار. 1‏:1-8؛ يـۇھ. 1‏:19-28 \m \v 1 رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى، پونتىئۇس پىلاتۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى، ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا،\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى»\+bd* ــ بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە تىبېرىئۇس قەيسەر مىلادىيە 13-يىلى 27-ئىيۇن ئىمپېراتور دەپ جاكارلانغان. شۇڭا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسرائىلغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى، شۇنداقلا مەسىھنىڭ كەلگەنلىكىنى جار سېلىشقا باشلىغانلىقى مىلادىيە 28-يىلى بولسا كېرەك ئىدى. \+bd «ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلگەن «ھاكىم» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن ئىدى.\f*  \fig مەسىھنىڭ دەۋرىدە، قانائان (ئىسرائىلىيە) زېمىنى|src="israeljesustime-uara-01.jpg" size="span" ref="«مات.» 17:3" \fig* \v 2 ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «... ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى»\+bd* ــ بۇ 1-2-ئايەتتە خۇدا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ــ دۇنيادا شۇنچە مۇھتەرەم ئەربابلار بولغىنى بىلەن، ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئامانەت قىلغان ئەمەس، بەلكى چۆلدە ياشاۋاتقان نامەلۇم بىر يەھۇدىيغا تاپشۇردى.\f*  \x + \xo 3:2 \xt روس. 4‏:6. \x* \v 3 ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان \add سۇغا\add* «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «\+bd*\+bdit يەھيا پەيغەمبەر\+bdit*... كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان \+bdit سۇغا\+bdit* «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى» ــ «كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»: ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ!» ــ دېگەندەك.\f*  \x + \xo 3:3 \xt مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:4. \x* \v 4 خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك: \b \m «باياۋاندا توۋلىغۇچى بىر كىشىنىڭ: \m رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، \m ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.\x + \xo 3:4 \xt يەش. 40‏:3-5؛ مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ يـۇھ. 1‏:23. \x* \b \m \v 5 بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، \m بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەسلىتىلىدۇ؛ \m ئەگرى-توقاي جايلار تۈزلىنىدۇ، \m ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشى يوللار قىلىنىدۇ. \m \v 6 شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ».\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!»\+bd* ــ «يەش.» 3:40-5.\f*  \x + \xo 3:6 \xt زەب. 98‏:2-3؛ يەش. 40‏:3-5؛ 52‏:10. \x* \b \m \v 7 يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا: \m ــ ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى \add خۇدانىڭ\add* چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە؛ مەنىسى بەلكىم «توۋا قىلماي، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش بىزنى خۇدانىڭ كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزىدۇ، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 3:7 \xt مات. 3‏:7؛ 23‏:33. \x* \v 8 ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار!»\+bd* ــ «توۋىغا لايىق مېۋىلەر» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!»\+bd* ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى» بولۇپ، بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا پاك تۇرىۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:8 \xt مات. 3‏:9؛ يـۇھ. 8‏:39؛ روس. 13‏:26. \x* \v 9 پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى»\+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt مات. 3‏:10؛ 7‏:19. \x* \m \v 10 \add ئۇنىڭ ئەتراپىغا\add* توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن: \m ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 3:10 \xt روس. 2‏:37. \x* \m \v 11 ئۇ جاۋابەن: ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى.\x + \xo 3:11 \xt ياق. 2‏:13،15؛ 1يۇھ. 3‏:17. \x* \m \v 12 بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 13 ئۇ ئۇلارغا: ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى. \m \v 14 ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: \m ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. \m ئۇ ئۇلارغا: \m ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار»\+bd* ــ بەلكىم پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان شىكايەتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 15 ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ...»\+bd* ــ دېمەك، تەققەزالىق بىلەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۈتكىنىدە.\f* \v 16 يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. \x + \xo 3:16 \xt يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27،28؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 2‏:4؛ 11‏:15؛ 19‏:4. \x* \v 17 ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 3:17 \xt مات. 3‏:12. \x* \m \v 18 ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى. \v 19 \add كېيىن\add*، ھاكىم ھېرود \add ئۆگەي\add* ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى \add تارتىۋالغانلىقى\add* تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، \f □ \fr 3:19 \ft \+bd «ھاكىم ھېرود»\+bd* ــ «ھاكىم» گېرك تىلىدا «تېترارك». بۇ سۆز «تۆتنىڭ بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ ھېرود رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، پالەستىننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا (گالىلىيەگە) «پادىشاھ» ياكى «خان» بولغان.\f*  \x + \xo 3:19 \xt مات. 14‏:3؛ مار. 6‏:18. \x* \v 20 ھېرود بۇ بارلىق رەزىللىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنى قىلدىكى، يەھيانى زىندانغا تاشلىدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىشى \r مات. 3‏:13-17؛ مار. 1‏:9-11 \m \v 21 شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، \x + \xo 3:21 \xt مات. 3‏:13؛ مار. 1‏:9؛ يـۇھ. 1‏:32. \x* \v 22 مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.\f □ \fr 3:22 \ft \+bd «مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى»\+bd* ــ «كەپتەر سىياقىدا» ياكى «پاختەك سىياقىدا». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. \+bd «...شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى»\+bd* ــ ئەيسانىڭ يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۈمۈلدۈرۈلۈشى ئۇنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىدىن بۇرۇن، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:22 \xt يەش. 42‏:1؛ مات. 17‏:5؛ مار. 9‏:7؛ لۇقا 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى \r مات. 1‏:1-17 \m \v 23 ئەيسا ئۆز \add خىزمىتىنى\add* باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:23 \ft \+bd «ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى»\+bd* ــ «ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى» گرېك تىلىدا «ئوتتۇزچە ياشقا كىرگەنىدى» ــ گرېكشۇناس پروفېسسور رامساينىڭ دېيىشىچە بۇ ئىبارە (1) ئوتتۇز ياش (يىگىرمە توققۇز ياكى ئوتتۇز بىر ياش ئەمەس)؛ (2) دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەن كۈنى دېگەن مەنىدە. كاھىنلار ۋە لاۋىيلار دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە خىزمىتىنى باشلايتتى («چۆل.» 3:4، «يار.» 46:41نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:23 \xt مات. 13‏:55؛ يـۇھ. 6‏:42. \x* \v 24 خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، \v 25 يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى، \v 26 ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:26 \ft \+bd «يۈسۈپ»\+bd* ــ ياكى «يوسېخ». \+bd «يۇدا»\+bd* ــ «يەھۇدا»نىڭ قىسقا شەكلى.\f* \v 27 يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالاتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:27 \ft \+bd «سالاتىيەل»\+bd* ــ «مات.» 12:1نى كۆرۈڭ. تەۋراتتا، مەسىلەن «ئەزرا» 2:3دە «شېئالتىئەل» دېيىلىدۇ.\f* \v 28 نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، \v 29 ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، \v 30 لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:30 \ft \+bd «يەهۇدا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «يۇدا» دېيىلىدۇ.\f* \v 31 ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، \v 32 داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، \v 33 ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:33 \ft \+bd «ئارام»\+bd* ــ «رۇت» 20:4 ۋە «1تار.» 10:2دە «رام». \+bd «ھېزرون»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەسروم». \+bd «پەرەز»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پارەس».\f* \v 34 يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، \x + \xo 3:34 \xt يار. 11‏:10. \x* \v 35 ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:35 \ft \+bd «سېرۇگ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سېرۇخ». \+bd «راغۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «راغاۋ». ئىبرانىيچە «رەئۇ». \+bd «پەلەگ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پالەگ». \+bd «شېلاھ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سالاھ».\f* \v 36 شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى، \f □ \fr 3:36 \ft \+bd «قائىنان»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قائىنام». \+bd «شەم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سېم». \+bd « لەمەخ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «لامەخ».\f* \v 37 لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، \v 38 قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى.\f □ \fr 3:38 \ft \+bd «...قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى»\+bd* ــ بۇ نەسەبنامە ۋە «ماتتا»دا خاتىرىلەنگەن نەسەبنامە ئۈستىدە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ھەمدە «يەرەمىيا»دىكى (30:22 توغرىسىدا) قوشۇمچە سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە لۇقا بەرگەن بۇ نەسەبنامە مەسىھنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ نەسەبنامىسىدۇر.\f*  \x + \xo 3:38 \xt يار. 5‏:3. \x* \b \b \m \c 4 \s1 ئەيسانىڭ چۆل-باياۋاندا سىنىلىشى \r مات. 4‏:1-11؛ مار. 1‏:12-13 \m \v 1 ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى.\x + \xo 4:1 \xt مات. 4‏:1؛ مار. 1‏:12. \x* \v 2 ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.\x + \xo 4:2 \xt مىس. 34‏:28؛ 1پاد. 19‏:8. \x* \m \v 3 ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: \m ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بۇ 3- ۋە 9-ئايەتلەردىكى «ئەگەر» ئادەتتە «ئەگەر ... بولساڭ» (ئەگەر بولساڭ ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىسەن)» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ. \fp «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 4 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ \add تەۋراتتا\add*: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ»\+bd* ــ «قان.» 3:8. \fp «بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دېگەن سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ («مات.» 4:4نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 4:4 \xt قان. 8‏:3؛ مات. 4‏:4. \x* \m \v 5 ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. \v 6 ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. \v 7 ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى. \m \v 8 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: \m ــ \add تەۋراتتا\add*: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!»\+bd* ــ تەۋرات، «قان.» 13:6.\f*  \x + \xo 4:8 \xt قان. 6‏:13؛ 10‏:20؛ 1سام. 7‏:3. \x* \m \v 9 ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: \m ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! \f □ \fr 4:9 \ft \+bd «ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ...». \fp «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 10 چۈنكى \add تەۋراتتا\add*: «\add خۇدا\add* ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ \v 11 ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 11:91، 12. شەيتاننىڭ بۇ ئايەتنى ئىشلەتكىنى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:11 \xt زەب. 91‏:11،12. \x* \m \v 12 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «\add تەۋراتتا\add*: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى.\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!»\+bd* ــ «قان.» 16:6.\f*  \x + \xo 4:12 \xt قان. 6‏:16. \x* \m \v 13 ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى. \b \m \s1 ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە \r مات. 4‏:12-17؛ مار. 1‏:14-15 \m \v 14 ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd «روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە...»\+bd* ــ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:14 \xt مات. 4‏:12؛ مار. 1‏:14؛ يـۇھ. 4‏:43؛ روس. 10‏:37. \x* \v 15 ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى»\+bd* ــ «سىناگوگ»لار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 ناسارەتتە چەتكە قېقىلىش \r مات. 13‏:53-58؛ مار. 6‏:1-6 \m \v 16 ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا \add مۇقەددەس يازمىلارنى\add* ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى \x + \xo 4:16 \xt نەھ. 8‏:4، 5؛ مات. 13‏:54؛ مار. 6‏:1؛ يـۇھ. 4‏:43. \x* \v 17 ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: \m \v 18‏-19 ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، \m چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. \m تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، \m ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، \m ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، \m پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى».\f □ \fr 4:18‏-19 \ft \+bd « ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى»\+bd* ــ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») توغرۇلۇق «يەش.» 1:61دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا» دېگەن سۆزلەر مۇشۇ ئايەتتە قوشۇلىدۇ. \+bd «ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 1:61 ھەم 6:58دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 4:18‏-19 \xt يەش. 42‏:7؛ 61‏:1، 2؛ مات. 11‏:5. \x* \b \m \v 20 ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. \f □ \fr 4:20 \ft \+bd «ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى»\+bd* ــ سىناگوگلاردا تەلىم بەرگۈچىلەر ئاۋۋال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشقا تۇراتتى، ئاندىن تەلىم بېرىشكە ئولتۇراتتى.\f* \v 21 ئۇ كۆپچىلىككە: \m ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى. \m \v 22 ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: \m ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.\x + \xo 4:22 \xt يەش. 50‏:4؛ مات. 13‏:54؛ مار. 6‏:2؛ لۇقا 2‏:47؛ يـۇھ. 6‏:42. \x* \m \v 23 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى. \x + \xo 4:23 \xt مات. 4‏:13. \x* \m \v 24 ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. \x + \xo 4:24 \xt مات. 13‏:57؛ مار. 6‏:4؛ يـۇھ. 4‏:44. \x* \v 25 مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس \add پەيغەمبەر\add*نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ \v 26 بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. \f □ \fr 4:26 \ft \+bd «زارەفات»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سارەپتا». \+bd «ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن»\+bd* ــ بۇ ۋەقە «1پاد.» 9:17-24دە خاتىرىلەنگەن. ئىلياس پەيغەمبەر زىدون رايونى (يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنى)دىكى شۇ تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ۋە ئاچارچىلىق ئاخىرلاشقۇچە تۇل خوتۇن، ئوغلى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەمىنلىگەن. دېمەك، خۇدانىڭ ئۆز خەلقى ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىلىياسنىڭ شۇنداق مۆجىزىلىك ياردىمىگە ئېرىشكۈدەك ئىخلاسمەنلىك مەۋجۇت بولمىغانىدى، ئەكسىچە، ئىتائەتسىزلىك ۋە ئاسىيلىق ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈنەتتى.\f* \v 27 ۋە \add شۇنىڭغا ئوخشاش\add*، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى.\f □ \fr 4:27 \ft \+bd «ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس!»\+bd* ــ سۇرىيەلىك نائامان يەھۇدىي ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇ ۋەقە «2پاد.» 1:5-14دە خاتىرىلەنگەن. مەسىھنىڭ ئۇلارغا «سىلەر خۇدانىڭ شاپائىتىنى ۋە نىجاتىنى رەت قىلغاچقا، ئۇ ئەمدى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېگەندەك ئىدى.\f*  \x + \xo 4:27 \xt 2پاد. 5‏:14. \x* \m \v 28 سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ \v 29 ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. \f □ \fr 4:29 \ft \+bd «ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنى شەھەردىن تاشلاپ...».\f* \v 30 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ جىننى ھەيدىۋېتىشى \r مار. 1‏:21-28 \m \v 31 ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. \x + \xo 4:31 \xt مات. 4‏:13؛ مار. 1‏:21. \x* \v 32 ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. \x + \xo 4:32 \xt مات. 7‏:29؛ مار. 1‏:22. \x* \v 33 ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، \add ئۇنىڭدىكى جىن\add* قاتتىق ئاۋازدا:\f □ \fr 4:33 \ft \+bd «ناپاك جىننىڭ روھى»\+bd* ــ بۇ دېگەنلىك سۆز بەلكىم بۇ جىننىڭ ئىنتايىن ناپاك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى.\f*  \x + \xo 4:33 \xt مار. 1‏:23. \x* \m \v 34 ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. \m \v 35 لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: \m ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. \v 36 ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: \m ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. \f □ \fr 4:36 \ft \+bd «بۇ زادى قانداق ئىش!»\+bd* ــ ياكى «بۇ زادى قانداق تەلىم؟».\f* \v 37 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى \r مات. 8‏:14-17؛ مار. 1‏:29-34 \m \v 38 ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. \x + \xo 4:38 \xt مات. 8‏:14؛ مار. 1‏:29. \x* \v 39 ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. \m \v 40 كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. \f □ \fr 4:40 \ft \+bd «كۈن پېتىشى بىلەنلا،...»\+bd* ــ شابات كۈنى تۈگىگەندە (كەچتە)، «ئىش قىلىش» ياكى «خىزمەت قىلىش»قا بولاتتى (مەسىلەن، كېسەل ئادەمنى كۆتۈرۈش قاتارلىق).\f*  \x + \xo 4:40 \xt مات. 8‏:16؛ مار. 1‏:32؛ 7‏:32؛ 8‏:23،25. \x* \v 41 كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.\x + \xo 4:41 \xt مار. 1‏:34؛ 3‏:11. \x* \m \v 42 كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. \x + \xo 4:42 \xt مار. 1‏:35. \x* \v 43 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: \m ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. \m \v 44 شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى.\f □ \fr 4:44 \ft \+bd «گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «يەھۇدىيەدىكى سىناگوگلاردا» دېيىلىدۇ.\f* \b \b \m \c 5 \s1 ئەيسانىڭ تۇنجى قېتىم مۇخلىس چاقىرىشى \r مات. 4‏:18-22؛ مار. 1‏:16-20 \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى.\x + \xo 5:1 \xt مات. 13‏:2؛ مار. 4‏:1. \x* \v 2 ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، \add قىرغاقتا\add* تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. \v 3 ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ-توپ خالايىققا تەلىم بەردى. \v 4 سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا: \m ــ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 5 سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى. \m \v 6 ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى»\+bd* ــ ئادەتتە گالىلىيە كۆلىسىدە بېلىقلار كۈندۈزدە چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇپ كىرىۋالىدۇ، ئۇلارنى تور بىلەن تارتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىنكى، مەسىھ «تورلىرىڭلار»نى دېگىنى بىلەن پېترۇسنىڭ پەقەت بىرلا تورنى سېلىشقا ئىشەنچى بار ئىدى («يۇھ.» 11:21نى ۋە شۇ ئايەت توغرۇلۇق ئىزاھات ۋە «يۇھاننا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ).\f* \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، \add بېلىقلارنى\add* ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى. \v 8 سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: \m ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى. \v 9 چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى. \v 10 ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا: \m ــ قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن ــ دېدى.\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «سەن ئادەم\+bd*\+bdit لەرنى\+bdit* تۇتقۇچى بولىسەن» ــ مۇشۇ سۆز ئادەملەرنى زىندانلارغا ياكى قۇللۇققا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىدا ئادەملەرنى شەيتاننىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ھالاك يولىدىن تۇتۇپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:10 \xt يەر. 16‏:16؛ ئ‍ەز. 47‏:9؛ مات. 4‏:19؛ مار. 1‏:17. \x* \m \v 11 ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.\x + \xo 5:11 \xt مات. 4‏:20؛ 19‏:27؛ مار. 10‏:28؛ لۇقا 18‏:28. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى \r مات. 8‏:1-4؛ مار. 1‏:40-45 \m \v 12 شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: \m ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «تەقسىر...»\+bd* ــ ياكى «ئى رەب...». \+bd «پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم....»\+bd* ــ «ماخاۋ كېسىلى» بىرخىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك، دەپ قاراپ ئۇلارغا قەتئىي يېقىنلاشمايتتى. بۇ كېسەل توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:12 \xt مات. 8‏:2؛ مار. 1‏:40. \x* \m \v 13 ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: \m ــ خالايمەن، پاكلانغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى. \v 14 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر \add قۇربانلىقنى\add* سۇنغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قۇربانلىقنى سۇنغىن»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا شۇنداق ئەمرنى كۆرسەتكەن: ــ بىر ماخاۋ كېسىلى ساقايتىلغان بولسا، ئۇ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساقايتىلغانلىقىنى كاھىنغا كۆرسىتىپ ئاندىن ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى سۇنۇشى كېرەك ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەردىن باشلاپ مەسىھ ئەيسا كەلگۈچە بۇ مۇراسىم ھېچ ئۆتكۈزۈلۈپ باققان ئەمەس ئىدى. «لاۋ.» 1:14-32نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:14 \xt لاۋ. 13‏:2؛ 14‏:2؛ مات. 8‏:4. \x* \m \v 15 لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى. \v 16 ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئادەمنىڭ گۇناھلارنى «كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ھوقۇقى \r مات. 9‏:1-8؛ مار. 2‏:1-12 \m \v 17 شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى. \v 18 شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «... ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى»\+bd* ــ ئەيسا ئۆيدە ئولتۇراتتى (19-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 5:18 \xt مات. 9‏:1؛ مار. 2‏:3؛ روس. 9‏:33. \x* \v 19 بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. \v 20 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ \add پالەچكە\add*: \m ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى. \m \v 21 تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: \m ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى.\f □ \fr 5:21 \ft \+bd «پەرىسىيلەر»\+bd* ــ قاتتىق تەلەپلىك بىر دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئىدى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:21 \xt زەب. 32‏:5؛ يەش. 43‏:25. \x* \m \v 22 بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: \m ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟ \v 23 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ \v 24 ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: \m ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى.\f □ \fr 5:24 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن»\+bd* ــ «ئىنسانئوغلى» توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى. \v 26 ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: \m ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ لاۋىينى مۇخلىسلىققا چاقىرىشى ــ «گۇناھكارلار» بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرۇشى \r مات. 9‏:9-13؛ مار. 2‏:13-17 \m \v 27 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: \m ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.\f □ \fr 5:27 \ft \+bd «ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى»\+bd* ــ «لاۋىي»نىڭ باشقا ئىسمى «ماتتا» ئىدى.\f*  \x + \xo 5:27 \xt مات. 9‏:9؛ مار. 2‏:14،15. \x* \m \v 28 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. \m \v 29 لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى. \f □ \fr 5:29 \ft \+bd «زور بىر توپ باجگىرلار»\+bd* ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار.\f*  \x + \xo 5:29 \xt مات. 9‏:10؛ مار. 2‏:15؛ لۇقا 15‏:1. \x* \v 30 بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: \m ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى.\f □ \fr 5:30 \ft \+bd «سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟!»\+bd* ــ «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f* \m \v 31 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر. \v 32 مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.\f □ \fr 5:32 \ft \+bd «مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى، ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى ۋە ھازىرمۇ چاقىرالمايدۇ.\f*  \x + \xo 5:32 \xt مات. 9‏:13؛ لۇقا 19‏:10؛ 1تىم. 1‏:15. \x* \b \m \s1 يېڭى كونىدىن ئۈستۈندۇر \r مات. 9‏:14-17؛ مار. 2‏:18-22 \m \v 33 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن: \m ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 5:33 \xt مات. 9‏:14. \x* \m \v 34 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟ \f □ \fr 5:34 \ft \+bd «توي مېھمانلىرى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 5:34 \xt يەش. 62‏:5؛ 2كور. 11‏:2. \x* \v 35 ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ.\f □ \fr 5:35 \ft \+bd «ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ «ئۇلاردىن (مېھمانلاردىن) ئېلىپ كېتىلىپ» ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت.\f* \m \v 36 ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى: \m ــ ھېچكىم يېڭى كۆڭلەكتىن يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلەككە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكنىمۇ يىرتقان بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئالغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ماس كەلمەيدۇ. \v 37 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ \add كۆپۈشى بىلەن\add* تۇلۇملار يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. \x + \xo 5:37 \xt مات. 9‏:17؛ مار. 2‏:22. \x* \v 38 شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. \v 39 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ: «بولدى، كونىسى ياخشى!» دەيدۇ.\f □ \fr 5:39 \ft \+bd «ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ»\+bd* ــ ئادەتتە، كونا شاراب دەرۋەقە يېڭى شارابتىن ياخشى، ئەلۋەتتە.\f* \b \b \m \c 6 \s1 ئەيسا «شابات كۈنى»نىڭ ئىگىسىدۇر \r مات. 12‏:1-8؛ مار. 2‏:23-28 \m \v 1 ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يەۋاتاتاتتى.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز «بىرىنچى»نى «مۇھىم» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. سەۋەبىنى تۆۋەندە چۈشەندۈرىمىز. \fp «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن بۇ ئىبارىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ئالىملارنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئىككى پىكرى بار: \fp \fp 1-پىكىر: ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىككى خىل كالېندارى بار ئىدى. بىرىنچى كالېندار بابىللىقلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ كۈزدە («كاناي چىلىش ھېيتى» ياكى «بۇرغا ھېيتى» بىلەن) باشلىناتتى. بۇ كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى «بىرىنچى شابات» بولسا «تۇنجى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى كالېندار ئەتيازدا باشلىناتتى («مىس.» 2:12نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، ئىككىنچى كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى بىرىنچى شابات «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى. \fp 2-پىكىر: ــ بۇ «يەتتە ھەپتە ھېيتى»نىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىكى شابات كۈنىنى كۆرسىتىدۇ («لاۋ.» 10:23-22نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، بۇ ھېيتنىڭ ئىككىنچى شابات كۈنى «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ پىكىر بويىچە «بىرىنچى» دېگەن سۆز مۇشۇ ئايەتتە ئاساسەن «مۇھىم» دېگەن مەنىدە. \fp بىزنىڭچە بۇ 2-پىكىر توغرىدۇر، چۈنكى «يېڭى يىل»نىڭ (ئەتىيازدىكى) «بىرىنچى شابات»ىدا، يېڭى بۇغداي ياكى ئارپا دانلىرىنى يېيىش چەكلەنگەنىدى، بەلكىم خۇداغا ئاتاش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 14:23-ئايەتنى يەنە كۆرۈڭ). نېمىلا بولمىسۇن، شۇ ۋاقىت ئەتىيازغا توغرا كېلەتتى.\f*  \x + \xo 6:1 \xt قان. 23‏:24؛ مات. 12‏:1؛ مار. 2‏:23. \x* \v 2 لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا: \m ــ سىلەر نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟»\+bd* ــ «چەكلەنگەن ئىش» تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن، دېمەكچى. ئۇلارنىڭ شىكايەت قىلغىنى مۇخلىسلارنىڭ يېيىشى ئەمەس («قان.» 25:23نى كۆرۈڭ)، بەلكى شابات كۈنىدە مۇخلىسلارنىڭ «ھوسۇل ئالغانلىق»ى ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:2 \xt مىس. 20‏:10. \x* \m \v 3 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ سىلەر ھەتتا داۋۇت \add پەيغەمبەر\add* ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى \add مۇقەددەس يازمىلاردىن\add* ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «سىلەر ھەتتا داۋۇت پەيغەمبەر ... نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟»\+bd* ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى.\f* \v 4 دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، \add خۇداغا\add* ئاتالغان، \add تەۋراتتا\add* كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى \add سوراپ\add* ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، \+bd*\+bdit خۇداغا\+bdit* ئاتالغان، تەۋراتتا كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.\f* \v 5 ئاخىرىدا ئۇ ئۇلارغا: \m ــ ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى.\x + \xo 6:5 \xt مات. 12‏:8؛ مار. 2‏:28. \x* \m \v 6 يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.\x + \xo 6:6 \xt مات. 12‏:9؛ مار. 3‏:1. \x* \v 7 ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «...ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ.\f* \v 8 بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: \m ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى. \v 9 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \v 10 ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: \m ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى. \f □ \fr 6:10 \ft \+bd «ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى»\+bd* ــ «ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ» دېگەن پېئىلنىڭ مەجھۇل شەكلى بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزىنى «شابات كۈنىدە ياراتقانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟\f*  \x + \xo 6:10 \xt 1پاد. 13‏:6. \x* \v 11 لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ...»\+bd* ــ «ئۇلار» 7-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر».\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلنى تاللىشى \r مات. 10‏:1-4؛ مار. 3‏:13-19 \m \v 12 شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. \v 13 تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى. \x + \xo 6:13 \xt مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 9‏:1. \x* \v 14 ئۇلار: سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي، \v 15 ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون، \f □ \fr 6:15 \ft \+bd «مىللەتپەرۋەر»\+bd* ــ ياكى، «قانائانلىق». يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.\f* \v 16 ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.\f □ \fr 6:16 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ ئوغلى»\+bd* ــ بۇ ياقۇپ 14- ۋە 15-ئايەتتىكى «ياقۇپ»لاردىن باشقىسى بولسا كېرەك. \+bd «ياقۇپنىڭ ئوغلى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ياقۇپنىڭ ئىنىسى» دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ كېسەللەرنى ساقايتىشى ۋە تەلىم بېرىشى \r مات. 4‏:23-25؛ 5‏:1-12 \m \v 17 ئەيسا \add روسۇللىرى\add* بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. \x + \xo 6:17 \xt مات. 4‏:25؛ مار. 3‏:7. \x* \v 18 ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى. \v 19 بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.\x + \xo 6:19 \xt مار. 5‏:30. \x* \b \m \s1 خۇشاللىق ۋە قايغۇ \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: \m ــ «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.\f □ \fr 6:20 \ft \+bd «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار!»\+bd* ــ «يوقسۇللار» بەلكىم ئۆزىنىڭ خۇداغا قەتئىي موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر. بۇ ئايەتلەردە «مۇبارەك» دېگەن سۆز (خۇدا تەرىپىدىن) «بەختلىك، بەرىكەتلىك قىلىنغان» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 6:20 \xt مات. 5‏:2. \x* \m \v 21 مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. \m مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر.\x + \xo 6:21 \xt يەش. 61‏:3؛ 65‏:13؛ 66‏:10. \x* \m \v 22 كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! \x + \xo 6:22 \xt مات. 5‏:11؛ 1پېت. 2‏:19؛ 3‏:14؛ 4‏:14. \x* \v 23 شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى \add بۇرۇنقى\add* پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان.\x + \xo 6:23 \xt روس. 5‏:41؛ 7‏:51. \x* \b \m \v 24 ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! \m چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان راھەت-پاراغىتىڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار!\x + \xo 6:24 \xt ئام. 6‏:1، 8. \x* \m \v 25 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار! \m چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر. \m ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! \m چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر.\x + \xo 6:25 \xt يەش. 65‏:13؛ ياق. 4‏:9؛ 5‏:1. \x* \m \v 26 ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ \add بۇرۇنقى\add* ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان». \b \m \s1 دۈشمىنىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار \r مات. 5‏:38-48؛ 7‏:12 \m \v 27 ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. \x + \xo 6:27 \xt مىس. 23‏:4؛ پەند. 25‏:21؛ مات. 5‏:44؛ رىم. 12‏:20؛ 1كور. 4‏:12. \x* \v 28 سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. \x + \xo 6:28 \xt لۇقا 23‏:34؛ روس. 7‏:60. \x* \v 29 بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن. \x + \xo 6:29 \xt 1كور. 6‏:7. \x* \v 30 بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما. \f □ \fr 6:30 \ft \+bd «بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن»\+bd* ــ نېمىنى بېرىش كېرەكلىكىنى رەببىمىز ئېيتمىدى. بەزى ئەھۋالدا تىلىگۈچىگە تىلىگىنىنى بەرسەك ئۇنىڭغا پايدا ئەمەس، بەلكى زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھاراقكەش ئادەم پۇل ياكى ھاراق تىلىسە بۇنى بەرسەك بولمايدۇ؛ لېكىن مۇمكىن بولسا ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىشىمىز كېرەك. باشقا مىسال «روس.» 1:3-11دە تېپىلىدۇ، بولۇپمۇ 6-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:30 \xt قان. 15‏:7؛ مات. 5‏:42. \x* \v 31 باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. \x + \xo 6:31 \xt مات. 7‏:12. \x* \v 32 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. \x + \xo 6:32 \xt مات. 5‏:46. \x* \v 33 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! \v 34 ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! \x + \xo 6:34 \xt قان. 15‏:8؛ مات. 5‏:42. \x* \v 35 لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. \f □ \fr 6:35 \ft \+bd «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر»\+bd* ــ دېمەك، ئەمەللىرىڭلار بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولىدۇ.\f*  \x + \xo 6:35 \xt مات. 5‏:45. \x* \v 36 ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. \b \m \s1 باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار \r مات. 7‏:1-5 \m \v 37 ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر \add خۇدانىڭ\add* ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر. \x + \xo 6:37 \xt مات. 7‏:1؛ رىم. 2‏:1؛ 1كور. 4‏:5. \x* \v 38 بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ.\f □ \fr 6:38 \ft \+bd «سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قۇينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ»\+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتە بىرسى بىراۋغا ئاشلىق ھەدىيە قىلماقچى بولسا (1) ئاشنى خالتىغا لىق قاچىلايدۇ؛ (2) دانلار چىڭدىلىپ چۈشسۇن دەپ خالتىنى سىلكىيدۇ؛ (3) چىڭدالغان دانلارنىڭ ئۈستىگە «تېشىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە» يەنە قاچىلايدۇ.\f*  \x + \xo 6:38 \xt پەند. 10‏:22؛ 19‏:17؛ مات. 7‏:2؛ مار. 4‏:24. \x* \m \v 39 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى: \m ــ قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟ \x + \xo 6:39 \xt يەش. 42‏:19؛ مات. 15‏:14. \x* \v 40 مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ.\f □ \fr 6:40 \ft \+bd «مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشى مۇمكىن، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 6:40 \xt مات. 10‏:24؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 15‏:20. \x* \m \v 41 ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! \f □ \fr 6:41 \ft \+bd «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل»\+bd* ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل». \+bd «ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!»\+bd* ــ مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 6:41 \xt مات. 7‏:3. \x* \v 42 سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. \v 43 چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. \x + \xo 6:43 \xt مات. 7‏:17؛ 12‏:33. \x* \v 44 ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس. \x + \xo 6:44 \xt مات. 7‏:16. \x* \v 45 ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.\x + \xo 6:45 \xt مات. 12‏:35. \x* \b \m \s1 ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر \r مات. 7‏:24-27 \m \v 46 ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ \x + \xo 6:46 \xt مال. 1‏:6؛ مات. 7‏:21؛ 25‏:11؛ لۇقا 13‏:25؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:22. \x* \v 47 ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي. \x + \xo 6:47 \xt مات. 7‏:24. \x* \v 48 ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. \v 49 لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. \add كەلكۈن\add* ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى! \b \b \m \c 7 \s1 ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى \r مات. 8‏:5-13؛ يـۇھ. 4‏:43-54 \m \v 1 ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە \add قايتا\add* كىردى. \v 2 ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. \v 3 يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى.\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «... ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قۇتقۇزۇش» ۋە «ساقايتىش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى»\+bd* ــ يۈزبېشى رىملىق پۇقرا بولۇپ، يەھۇدىي ئەمەس ئىدى. 5-ئايەتكە قارىغاندا ئۇ رىملىقلارنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى تاشلاپ، تەۋرات ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد باغلىغان ئادەم ئىدى.\f* \v 4 ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. \v 5 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ \add يەھۇدىي\add* ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى. \m \v 6 ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: \m ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «تەقسىر»\+bd* ــ ياكى «رەب».\f* \v 7 شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. \v 8 چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ».\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن»\+bd* ــ مۇھىم سۆز «مەن\+bd مۇ\+bd*» ــ دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوھۇقى ئاستىدا تۇرۇپ، ھەممىگە قادىرنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.\f* \m \v 9 ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ \add يۈزبېشىغا\add* تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: \m دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى. \m \v 10 يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى.\f □ \fr 7:10 \ft \+bd «يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى»\+bd* ــ بۇ ۋەقە «مات.» 8:8-13دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ.\f* \b \m \s1 تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش \m \v 11 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. \v 12 ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. \v 13 رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: \m ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى. \v 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: \m ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە جىنازىغا تېگىش كىشىنى يەتتە كۈنگىچە «ناپاك» قىلاتتى («چۆل.» 11:19-12نى كۆرۈڭ). بىراق ئۆلگىنىنى تىرىك قىلىش ھەممە ئىشنى باشقىچە قىلىدۇ!\f*  \x + \xo 7:14 \xt روس. 9‏:40. \x* \v 15 ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. \add ئەيسا\add* ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. \m \v 16 ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: \m ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى.\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!»\+bd* ــ تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «خۇدانىڭ يوقلىشى» ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يېقىن كېلىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 7:16 \xt لۇقا 1‏:68؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14؛ 9‏:17. \x* \m \v 17 ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. \b \m \s1 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىشى \r مات. 11‏:2-19 \m \v 18 يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ، \x + \xo 7:18 \xt مات. 11‏:2. \x* \v 19 ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.\f □ \fr 7:19 \ft \+bd «كېلىشى مۇقەررەر زات»\+bd* ــ خۇدا ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، ئەلۋەتتە. يەھيا ئۆزى مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ «سەن بىز كۈتكەن كىشىمۇسەن» دەپ گۇمانلىنىپ سورايدۇ. \+bd «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟»\+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەر شۇ مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتكەندە زىنداندا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم: «ئەيسا ھەقىقەتەن قۇتقۇزغۇچى بولسا، نېمىشقا ئۇ مېنى مۇشۇ زىنداندا يېتىشقا يول قويىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»دە بۇ ئىش («مات.» 2:11-6) توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 20 ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: \m ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى. \m \v 21 دەل شۇ ۋاقىتتا \add ئەيسا\add* ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. \v 22 شۇنىڭ بىلەن ئۇ \add يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا\add*: \m ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. \x + \xo 7:22 \xt يەش. 29‏:18؛ 35‏:5؛ 61‏:1. \x* \v 23 \add ئۇنىڭغا يەنە\add*: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 7:23 \ft \+bd «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا يېتىپ: «ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بولسا نېمىشقا مېنى زىنداندىن قۇتقۇزمىغان؟» ــ دەپ گۇمانلانغان بولسا كېرەك ئىدى. يەھيانىڭ بۇ سوئالى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 24 يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ: \m ــ «سىلەر \add بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ\add* چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ \x + \xo 7:24 \xt مات. 11‏:7. \x* \v 25 ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! \m \v 26 ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، \add بۇ بولسا\add* پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. \v 27 چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردىكى\add*: ــ \m «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ \m ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر. \f □ \fr 7:27 \ft \+bd «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ»\+bd* ــ تەۋرات، «مال.» 1:3؛ «يەش.» 3:40.\f*  \x + \xo 7:27 \xt مىس. 23‏:20؛ مال. 3‏:1؛ مار. 1‏:2. \x* \v 28 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ \v 29 (ئەمدى \add يەھيانى\add* ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. \f □ \fr 7:29 \ft \+bd «ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى»\+bd* ــ «خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ» گرېك تىلىدا «خۇدانى توغرا دەپ...» دېگەن ئىبارىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 30 لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى). \m \v 31 لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ \x + \xo 7:31 \xt مات. 11‏:16. \x* \v 32 ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ \add قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز\add* بالىلارغا ئوخشايدۇ. \v 33 چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، \add شاراب\add* ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر. \f □ \fr 7:33 \ft \+bd «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ نە نان يېمەيدۇ نە ئىچمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھيا پەيغەمبەر ئىنتايىن غورىگىل ئوزۇقلىناتتى، پات-پات روزا تۇتاتتى. «مات.» 4:3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:33 \xt مات. 3‏:4؛ مار. 1‏:6. \x* \v 34 ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر. \v 35 لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».\f □ \fr 7:35 \ft \+bd «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-مېۋىلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». بۇ قىسقا ئايەت ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مۇھىم پرىنسىپلار توغرىسىدا «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 گۇناھكار ئايالنىڭ ئەيسانى ئەتىرلىشى \m \v 36 پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى. \f □ \fr 7:36 \ft \+bd «... داستىخاندا ئولتۇردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەر ئادەتتە داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى.\f*  \x + \xo 7:36 \xt مات. 26‏:6؛ مار. 14‏:3؛ يـۇھ. 11‏:2؛ 12‏:2. \x* \v 37 ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. \f □ \fr 7:37 \ft \+bd «مۇرمەككى»\+bd* ــ بۇ خىل ئەتىر. ئۇ ئادەتتە ئىنتايىن قىممەت ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 7:26نى كۆرۈڭ).\f* \v 38 ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. \v 39 ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى. \m \v 40 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m سىمون، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار، ــ دېدى. \m ــ ئېيتىڭ، ئۇستاز، ــ دېدى سىمون. \m \v 41 ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. \f □ \fr 7:41 \ft \+bd «كۈمۈش دىنار»\+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسنىڭ پۇل بىرلىكى، تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى بولاتتى.\f* \v 42 لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا. \m \v 43 سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، \add قەرزى\add* كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى. \m ــ توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، ــ دېدى ئەيسا. \v 44 ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا: \m ــ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. \v 45 سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى. \v 46 سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. \f □ \fr 7:46 \ft \+bd «سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ»\+bd* ــ شۇ دەۋردە كىشىلەر ھۆرمەتلىك مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن مېھماننىڭ بېشىغا ئەتىرلىك ماينى سۈركەپ قوياتتى.\f* \v 47 شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 7:47 \ft \+bd «چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ بۇ ئايالنىڭ مۇھەببىتى خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۇنىڭ \+bd ئاللىقاچان خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن\+bd* بولدى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسەتتى.\f* \m \v 48 ئاندىن ئۇ ئايالغا: \m ــ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.\x + \xo 7:48 \xt مات. 9‏:2. \x* \m \v 49 ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى.\x + \xo 7:49 \xt مات. 9‏:3. \x* \m \v 50 ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: \m ــ ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى؛ ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن قايتقىن! ــ دېدى.\f □ \fr 7:50 \ft \+bd «ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى»\+bd* ــ «ئېتىقادىڭ» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، ئەيسا بۇ سۆز بىلەن ئايالنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئىشەنچىنى، يەنى ئۇنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالايدىغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە باغلىغان ئىشەنچىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 8 \s1 ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار \r مات. 13‏:1-17؛ مار. 4‏:1-12 \m \v 1 كېيىن، \add ئەيسا\add* شۇ يۇرتلارنى كېزىپ، شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ جاكارلىدى؛ ئون ئىككىيلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. \v 2 ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)،\x + \xo 8:2 \xt مات. 27‏:55،56. \x* \v 3 ھېرود \add خان\add*نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ \add ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ\add* ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى.\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ»\+bd* ــ بۇ ئىبارە گرېك تىلىدا بەزى كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇنىڭ» ياكى بەزى كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇلارنىڭ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ھېرود \+bd*\+bdit خان\+bdit*نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى... ئۇنىڭ ... ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى» ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە دېگىنىمىزدەك، لۇقا دائىم ئەيسانىڭ قىز-ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايقاپ يۈرىدۇ.\f* \b \m \s1 ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 4 چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:\x + \xo 8:4 \xt مات. 13‏:3؛ مار. 4‏:2. \x* \m \v 5 ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى \add ئېتىزغا\add* چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. \v 6 باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ. \v 7 باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. \v 8 باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! دەپ توۋلىدى. \m \v 9 كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. \x + \xo 8:9 \xt مات. 13‏:10؛ مار. 4‏:10. \x* \v 10 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ».\f □ \fr 8:10 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى»\+bd* ــ «سىرلار» ئىنجىلدا ئەسلىدە ئىنسانلارغا ئاشكارىلانمىغان، ھازىر مەسىھ ياكى روسۇللىرى ئارقىلىق ئايان قىلىنغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنجىلدىكى بەزى «سىرلار» ئىنتايىن سىرلىق، ئەلۋەتتە. \+bd «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 9:6دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 8:10 \xt زەب. 25‏:4، 9، 14؛ 78‏:1-2؛ يەش. 6‏:9-10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 11‏:25؛ 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8؛ 2كور. 3‏:5 ،14. \x* \m \v 11 ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. \x + \xo 8:11 \xt مات. 13‏:18؛ مار. 4‏:13. \x* \v 12 چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. \v 13 تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، \add ئېتىقادتىن\add* تېيىلىپ كېتىدۇ. \x + \xo 8:13 \xt مات. 13‏:20؛ مار. 4‏:16. \x* \v 14 تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. \x + \xo 8:14 \xt مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23؛ لۇقا 18‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. \x* \v 15 لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ. \b \m \s1 ھەممە ئىش ئاشكارىلىنىدۇ \r مار. 4‏:21-25 \m \v 16 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. \x + \xo 8:16 \xt مات. 5‏:15؛ مار. 4‏:21؛ لۇقا 11‏:33. \x* \v 17 چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. \x + \xo 8:17 \xt ئايۇپ 12‏:22؛ مات. 10‏:26؛ مار. 4‏:22؛ لۇقا 12‏:2. \x* \m \v 18 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.\f □ \fr 8:18 \ft \+bd «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ\+bd* ــ «كىمدە بار بولسا... » ــ بۇ «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە چوقۇم ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەربىرنېمە بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مەسىھدىنلا تاپالايمىز، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 8:18 \xt مات. 13‏:12؛ 25‏:29؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 19‏:26. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئائىلىسى \r مات. 12‏:46-50؛ مار. 3‏:31-35 \m \v 19 ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. \x + \xo 8:19 \xt مات. 12‏:46؛ 13‏:55؛ مار. 3‏:31. \x* \v 20 شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا: \m ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېدى. \m \v 21 لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى.\x + \xo 8:21 \xt يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى \r مات. 8‏:23-27؛ مار. 4‏:35-41 \m \v 22 ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: \m ــ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. \x + \xo 8:22 \xt مات. 8‏:23؛ مار. 4‏:35،36. \x* \v 23 كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. \v 24 مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: \m ــ ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! ــ دېدى. \m لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. \v 25 ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: \m ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. \m ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: \m ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.\x + \xo 8:25 \xt ئايۇپ 26‏:12؛ زەب. 107‏:25. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ «قوشۇن» جىنلار چاپلاشقان ئادەمنى ئازاد قىلىشى \r مات. 8‏:28-34؛ مار. 5‏:1-20 \m \v 26 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. \f □ \fr 8:26 \ft \+bd «گېراسالىقلار»\+bd* ــ «مات.» 28:8دە ئۇلار «گادارالىقلار»مۇ دەپ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:26 \xt مات. 8‏:28؛ مار. 5‏:1. \x* \v 27 ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. \f □ \fr 8:27 \ft \+bd «گۆرلەر ئارىسىدا»\+bd* ــ ياكى «گۆرلەر ئىچىدە». پەلەستىندە كۆپ گۆرلەر ئۆڭكۈرلەردىن ياسىلىدۇ.\f* \v 28 لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: \m ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. \v 29 چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). \m \v 30 ئەيسا بۇ ئادەمدىن: \m ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ ئىسمىم «قوشۇن»، ــ دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. \v 31 ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. \m \v 32 شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. \v 33 جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. \m \v 34 توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. \v 35 خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى. \v 36 بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى. \v 37 ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى. \f □ \fr 8:37 \ft \+bd «گېراسالىقلار»\+bd* ــ ياكى «گادارىيلىقلار» ياكى «گېرگەسەنلىكلەر».\f*  \x + \xo 8:37 \xt روس. 16‏:39. \x* \v 38 ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى. \m لېكىن ئۇ ئۇنى يولغا سېلىپ:\x + \xo 8:38 \xt مار. 5‏:18. \x* \m \v 39 ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى. \m ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتكۈل شەھەرنى ئارىلاپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. \b \m \s1 تىرىلدۈرۈلگەن قىز، ساقايتىلغان ئايال \r مات. 9‏:18-26؛ مار. 5‏:21-43 \m \v 40 ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. \f □ \fr 8:40 \ft \+bd «ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە»\+bd* ــ بەلكىم كۆلنىڭ ئۇدۇلىدىكى قاشقا قايتقاندا.\f* \v 41 ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى. \x + \xo 8:41 \xt مات. 9‏:18؛ مار. 5‏:22. \x* \v 42 چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى. \m ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ ئۇنى قىستىشاتتى. \v 43 ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. \x + \xo 8:43 \xt لاۋ. 15‏:25؛ مات. 9‏:20؛ مار. 5‏:25. \x* \v 44 ئۇ \add ئەيسانىڭ\add* ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى. \m \v 45 ئەيسا: ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى. \m ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ: \m ــ ئۇستاز، خالايىق توپ-توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېدى. \m \v 46 لېكىن ئەيسا: \m ــ ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، ــ دېدى. \m \v 47 ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. \m \v 48 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى. \f □ \fr 8:48 \ft \+bd «يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى!»\+bd* ــ بۇ ئايال نېمىشقا شۇنداق قورقتى؟ «مات.» 22:9دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 49 ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: \m ــ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، ــ دېدى.\x + \xo 8:49 \xt مار. 5‏:35. \x* \m \v 50 لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: \m ــ قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 51 ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. \v 52 ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: \m ــ بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! ــ دېدى.\x + \xo 8:52 \xt يـۇھ. 11‏:11. \x* \m \v 53 ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. \v 54 لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: \m ــ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، ــ دەپ چاقىردى. \v 55 \add قىزنىڭ\add* روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. \v 56 قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. \b \b \m \c 9 \s1 ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلنى ئەۋەتىشى \r مات. 10‏:5-15؛ مار. 6‏:7-13 \m \v 1 ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى.\x + \xo 9:1 \xt مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 6‏:13. \x* \v 2 ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى.\x + \xo 9:2 \xt مات. 10‏:7. \x* \v 3 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ سىلەر سەپەر ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار؛ بىرەر ئارتۇق يەكتەكمۇ ئېلىۋالماڭلار.\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «خۇرجۇن»\+bd* ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».\f*  \x + \xo 9:3 \xt مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 22‏:35. \x* \v 4 ۋە قايسى ئۆيگە \add قوبۇل قىلىنىپ\add* كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار»\+bd* ــ ياكى «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە چىقىپ-كىرىپ تۇرۇڭلار». كونا زامانلاردا پەيلاسوپلار ۋە «تەلىم بەرگۈچىلەر» ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئەمما مەسىھ مۇخلىسلىرى شۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە 7:10 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 5 ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار!»\+bd* ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق» دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.\f*  \x + \xo 9:5 \xt مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 10‏:11؛ روس. 13‏:51؛ 18‏:6. \x* \m \v 6 مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى. \m \v 7 ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە،\f □ \fr 9:7 \ft \+bd «ھېرود ھاكىم»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھاكىم» گرېك تىلىدىكى «تېترارق»نى بىلدۈرىدۇ. 1:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:7 \xt مات. 14‏:1؛ مار. 6‏:14. \x* \v 8 يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر \add قايتا\add* پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. \m \v 9 ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى. \b \m \s1 بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇش \r مات. 14‏:13-21؛ مار. 6‏:30-44؛ يـۇھ. 6‏:1-14 \m \v 10 روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى. \x + \xo 9:10 \xt مات. 14‏:13؛ مار. 6‏:30،31،32. \x* \v 11 بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى. \v 12 كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى.\x + \xo 9:12 \xt مات. 14‏:15؛ مار. 6‏:35؛ يـۇھ. 6‏:5. \x* \m \v 13 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: \m ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. \m ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار. \x + \xo 9:13 \xt مات. 14‏:16؛ مار. 6‏:37؛ يـۇھ. 6‏:9. \x* \v 14 چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. \m ئۇ مۇخلىسلارغا: \m ــ خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە»\+bd* ــ بالا-چاقىلىرى ھېسابلانمىغان.\f* \m \v 15 ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى. \v 16 ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ \add خۇداغا\add* تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. \x + \xo 9:16 \xt 1سام. 9‏:13. \x* \v 17 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى.\f □ \fr 9:17 \ft \+bd «سېۋەت»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەتلەر.\f* \b \m \s1 پېترۇسنىڭ ئەيسانى «مەسىھ» دەپ تونۇشى \r مات. 16‏:13-19؛ مار. 8‏:27-29 \m \v 18 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن: \m ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 9:18 \xt مات. 16‏:13؛ مار. 8‏:27. \x* \m \v 19 ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس \add پەيغەمبەر\add*، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 9:19 \xt مات. 14‏:2. \x* \m \v 20 ئۇ ئۇلاردىن: \m ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m پېترۇس جاۋاب بېرىپ: ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 9:20 \ft \+bd «سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن»\+bd* ــ «مەسىھ» دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ مەسىھى» دېمەك، خۇدا تەيىنلەپ ئەۋەتكەن مەسىھ.\f* \m \v 21 ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى. \v 22 ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى.\x + \xo 9:22 \xt مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7. \x* \m \v 23 ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: \m ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! \f □ \fr 9:23 \ft \+bd «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!»\+bd* ــ «مات.» 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:23 \xt مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 14‏:27. \x* \v 24 چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. \x + \xo 9:24 \xt مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25. \x* \v 25 چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! \v 26 چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. \f □ \fr 9:26 \ft \+bd «ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە... قايتىپ كەلگىنىدە...»\+bd* ــ «ئىنسانئوغلى» مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:26 \xt مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 12‏:9؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1يۇھ. 2‏:23. \x* \v 27 لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.\x + \xo 9:27 \xt مات. 16‏:28؛ مار. 9‏:1. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى \r مات. 17‏:1-8؛ مار. 9‏:2-8 \m \v 28 بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. \x + \xo 9:28 \xt مات. 17‏:1؛ مار. 9‏:2. \x* \v 29 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى. \v 30 ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس \add پەيغەمبەرلەر\add* ئىدى. \v 31 ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.\f □ \fr 9:31 \ft \+bd «... ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى»\+bd* ــ بۇ باياندا «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سۆز، گرېك تىلىدا «ئېكسودۇس» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئىسرائىل خەلقىنىڭ «مىسىردىن چىقىش»ىنى بىلدۈرگەنىدى. دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىنى مىسىرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزغاندەك، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ خەلقىنى گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن (ئۆز قۇربانلىقى ئارقىلىق) قۇتقۇزىدىغان بولىدۇ («1كور.» 1:10-11، ئىزاھاتلىرى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 32 ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى. \v 33 ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا: \m ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، ــ دېدى.\f □ \fr 9:33 \ft \+bd «بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى»\+bd* ــ بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 34 لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. \v 35 بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: \m ــ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! ــ دېدى.\f □ \fr 9:35 \ft \+bd «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر...»\+bd* ــ ياكى «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم...».\f*  \x + \xo 9:35 \xt قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ روس. 3‏:22؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \m \v 36 ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى. \b \m \s1 ئۇنىڭ جىن چاپلاشقان بالىنى ساقايتىشى \r مات. 17‏:14-18؛ مار. 9‏:14-27 \m \v 37 ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. \x + \xo 9:37 \xt مات. 17‏:14؛ مار. 9‏:17. \x* \v 38 مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: \m ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. \v 39 مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. \add جىن\add* ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. \f □ \fr 9:39 \ft \+bd «مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى»\+bd* ــ «روھ» شۈبھىسىزكى يامان روھ، جىننى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 40 مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى. \m \v 41 ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى. \m \v 42 بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. \f □ \fr 9:42 \ft \+bd «جىن ئۇنى يىقىتىپ،...»\+bd* ــ ياكى «جىن ئۇنى يىرتىپ...».\f* \v 43 ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى: \m \v 44 ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا \add ساتقۇنلۇقتىن\add* ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 9:44 \xt مات. 17‏:22؛ مار. 9‏:31. \x* \m \v 45 بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.\f □ \fr 9:45 \ft \+bd «بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى»\+bd* ــ كىم تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بىزنىڭچە شەيتان بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئىدى؛ چۈنكى مەسىھ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆلۈپ پىدا بولۇشىنى مۇخلىسلارنىڭ چۈشىنىشىنى خالايتتى (44-ئايەتتە).\f*  \x + \xo 9:45 \xt لۇقا 2‏:50؛ 18‏:34. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ \r مات. 18‏:1-5؛ مار. 9‏:33-37 \m \v 46 ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. \x + \xo 9:46 \xt مات. 18‏:1؛ مار. 9‏:33؛ لۇقا 22‏:24. \x* \v 47 ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، \v 48 ئۇلارغا: \m ــ كىم مېنىڭ نامىمدا بۇ كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى بولسا ئۇلۇغ بولىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 9:48 \xt مات. 18‏:5؛ 23‏:11؛ مار. 9‏:37؛ لۇقا 10‏:16؛ 14‏:11؛ 18‏:14؛ يـۇھ. 13‏:20. \x* \b \m \s1 قارشى تۇرماسلىقنىڭ ئۆزى قوللىغانلىقتۇر \r مار. 9‏:38-40 \m \v 49  يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى.\x + \xo 9:49 \xt مار. 9‏:38. \x* \m \v 50 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى.\x + \xo 9:50 \xt مات. 12‏:30؛ لۇقا 11‏:23. \x* \b \m \s1 ئەيسانى قارشى ئالمىغان يېزا \m \v 51 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى. \f □ \fr 9:51 \ft \+bd «ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە مەسىھ ئەيسانىڭ «يېرۇسالېمغا بارىدىغان سەپەر»ى باشلىنىدۇ؛ سەپەرنىڭ «ئاخىرقى نۇقتا»سى بەلكىم 48:19دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 9:51 \xt مار. 16‏:19؛ روس. 1‏:2؛ 1تىم. 3‏:16. \x* \v 52 \add شۇنىڭ ئۈچۈن\add* ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى. \v 53 بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى. \f □ \fr 9:53 \ft \+bd «بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى»\+bd* ــ سامارىيەلىكلەر ئادەتتە ئادەملەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىپ شۇ يەردە ئىبادەت قىلىشىنى ئۆچ كۆرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار: «بىزنىڭ سامارىيەمىزدە ھەقىقىي ئىبادەتخانا باردۇر» ــ دەيتتى.\f*  \x + \xo 9:53 \xt يـۇھ. 4‏:9. \x* \v 54 ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ: \m ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى.\f □ \fr 9:54 \ft \+bd «ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت ييېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئىلىياس پەيغەمبەردەك» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.\f* \m \v 55 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى. \f □ \fr 9:55 \ft \+bd «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى» دېيىلىدۇ.\f* \v 56 ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى.\x + \xo 9:56 \xt يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47. \x* \b \m \s1 ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدىلى \r مات. 8‏:19-22 \m \v 57 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: \m ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 9:57 \xt مات. 8‏:19. \x* \m \v 58 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى. \m \v 59 ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە: \m ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. \m لېكىن ئۇ: \m ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 9:59 \ft \+bd «رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن»\+bd* ــ بۇ ئادەمنىڭ سۆزىدە ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەنىدى، بىراق تېخى يەرلىككە قويۇلمىغان؛ بىزنىڭچە بۇ شەرقتە مۇمكىن ئەمەس، ئادەم ئۆلگەندە دەرھال دەپنە قىلىش كېرەك؛ (2) شۇ دەۋردە يەھۇدىيەدە تۇرغانلار ئارىسىدا، ئۆلگۈچىلەرنى ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنە بىر دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغان ئۆرپ-ئادەت بار ئىدى (ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «يىللىق نەزىر»دەك). بۇ كىشى تېخى بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزمىگەن؛ (3) ئۇنىڭ ئاتىسى تىرىك. ئۇنداقتا مەنىسى «ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن ساڭا ئەگىشەيچۇ!» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 9:59 \xt مات. 8‏:21. \x* \m \v 60 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 9:60 \ft \+bd «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەيلى بۇ كىشى ئاتىسىنىڭ «يىللىق دەپنە»سىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسۇن ياكى ئاتىسى تېخى تىرىك بولسۇن، رەبنىڭ بۇ جاۋابىدا «بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس؛ سەن ئۆزۈڭ «روھىي تىرىك» ئادەم بولساڭلا دېگىنىمدەك قىل، روھىي ھاياتنى يەتكۈزىدىغان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلا؛ سەن ئېيتقان بۇ ئىش «روھىي ئۆلگەنلەر»نىڭ ئىشى، خالاس» دېگەن ئىچكى مەنە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.\f*  \x + \xo 9:60 \xt مات. 8‏:22. \x* \m \v 61 يەنە بىرسى: \m ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. \m \v 62 ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، ــ دېدى. \f □ \fr 9:62 \ft \+bd «كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇ»\+bd* ــ ئادەم قوش ھەيدىگەندە، كەينىگە قارىسا تۈز ھەيدىيەلمەيدۇ.\f*  \x + \xo 9:62 \xt پەند. 26‏:11؛ فىل. 3‏:14؛ ئىبر. 6‏:5؛ 2پېت. 2‏:20. \x* \b \b \m \c 10 \s1 ئەيسانىڭ يەتمىش مۇخلىسىنى ئەۋەتىشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، رەب مۇخلىسلاردىن يەنە يەتمىشىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى.\f □ \fr 10:1 \ft \+bd «ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى»\+bd* ــ «ئۆزىدىن بۇرۇن» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ يۈزىدىن بۇرۇن». \fp بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يەتمىش ئىككى» دېيىلىدۇ. ٪99 كۆچۈرمىلەردە «يەتمىش» دېيىلىدۇ. بۇ سان تەۋراتتىكى بىرنەچچە «خاسىيەتلىك سانلار»غا ماس كېلىدۇ؛ مەسىلەن، ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسى بار ئىدى ۋە 70 ئاقساقالى بار ئىدى («چۆل» 11:11نى كۆرۈڭ). ئەستايىدىل ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردىن مۇشۇ «70+12» دېگەن ئىككى ساننىڭ بىللە كەلگىنىنى كۆرىدۇ.\f* \v 2 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: \m ــ يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن. شۇڭا ھوسۇل ئىگىسىدىن كۆپرەك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ھوسۇلۇڭنى يىغىشقا ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن»\+bd* ــ «ھوسۇل» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئادەملەر «ئورمىچىلار»غا، يەنى ئۆزلىرىگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەرگە موھتاجدۇر. \+bd «ھوسۇلنىڭ ئىگىسى»\+bd* ــ خۇدا، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 10:2 \xt مات. 9‏:37؛ يـۇھ. 4‏:35؛ 2تېـس. 3‏:1. \x* \v 3 مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن.\x + \xo 10:3 \xt مات. 10‏:16. \x* \v 4 ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا \add توختىماڭلار\add*.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «خۇرجۇن»\+bd* ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى». \+bd «يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار»\+bd* ــ ئاشۇ دەۋردىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا سالاملىشىشقا ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى.\f*  \x + \xo 10:4 \xt 2پاد. 4‏:29؛ مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3؛ 22‏:35. \x* \v 5 قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار.\x + \xo 10:5 \xt مات. 10‏:12؛ مار. 6‏:10. \x* \v 6 ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.\f □ \fr 10:6 \ft \+bd «ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا...»\+bd* ــ «ئاراملىق ئىگىسى» گرېك تىلىدا «ئاراملىقنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، ئامانلىقپەرۋەر بولۇپ، خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا خۇش خەۋەرنى قارشى ئالىدۇ.\f* \v 7 ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار.\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر»\+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. \+bd «ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر»\+bd* ــ دېمەك، خۇش خەۋەرگە ئېرىشىپ، روھىي پايدا كۆرگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خۇش خەۋەرچىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى تېگىشلىك ئىشتۇر. \+bd «ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار»\+bd* ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇ-ئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار \+bd بىزنىڭ\+bd* ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 10:7 \xt لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ مات. 10‏:10؛ 1كور. 9‏:4،14؛ 10‏:27؛ 1تىم. 5‏:18. \x* \m \v 8 سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار. \v 9 ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار. \f □ \fr 10:9 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 11-ئايەتنى ۋە 20:11نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 10 بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە-كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە: \x + \xo 10:10 \xt مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 9‏:5. \x* \v 11 «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە \add راستتىنلا\add* يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار. \f □ \fr 10:11 \ft \+bd «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!»\+bd* ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىش» ــ مۇشۇ ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا يېقىنلاشتى!»\+bd* ــ 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، بۇ سۆزلەر گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم مۇشۇ يەردە دەل شۇ مەنىدىدۇر.\f*  \x + \xo 10:11 \xt روس. 13‏:51؛ 18‏:6. \x* \v 12 مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.\f □ \fr 10:12 \ft \+bd «شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا ئالاھىدە ۋاقىت كۆرسىتىلمىسە، «شۇ كۈنى» مۇقەددەس كىتابتا ھەردائىم قىيامەت كۈنىنى، يەنى مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سودوم شەھىرى»\+bd* ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش جىنسلىقلار زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان.\f* \b \m \s1 ئەيسانى رەت قىلغانلار \r مات. 11‏:20-24 \m \v 13 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. \f □ \fr 10:13 \ft \+bd «تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرى»\+bd* ــ تۇر ۋە زىدون ئەسلى بۇتپەرەس يات ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. مەسىلەن، «ئەز.» 26-29-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى»\+bd* ــ «بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىش» كونا زامانلاردا قاتتىق پۇشايمان قىلىش، گۇناھلارغا توۋا قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.\f* \v 14 قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. \v 15 ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر!\f □ \fr 10:15 \ft \+bd «ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي سىلەر كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟». لېكىن بىزنىڭچە «ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دېگىنى توغرا بولۇپ، بۇ سۆز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن زور ئىمتىياز-ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 16 \add ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە\add*: \m ــ كىمدەكىم سىلەرنى تىڭشىسا، مېنىمۇ تىڭشىغان بولىدۇ؛ كىمدەكىم سىلەرنى چەتكە قاقسا، مېنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ؛ كىم مېنى چەتكە قاققان بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 10:16 \xt مات. 10‏:40؛ مار. 9‏:37؛ يـۇھ. 13‏:20. \x* \b \m \s1 يەتمىش مۇخلىسنىڭ قايتىپ كېلىشى \m \v 17 يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ: \m ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى.\f □ \fr 10:17 \ft \+bd «ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن!»\+bd* ــ ئۇلار ئادەملەرنى ئازاد قىلىپ چاپلاشقان جىنلارنى ھەيدىگەن.\f* \m \v 18 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. \f □ \fr 10:18 \ft \+bd «مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتاتتىم» ــ يەتمىش مۇخلىس ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندا ئەيسا ئۇلارنىڭ جىن-شەيتانلارنىڭ ئۈستىدىن بولغان غەلىبىسىنى كۆرۈۋاتاتتى.\f*  \x + \xo 10:18 \xt ۋەھ. 12‏:8، 9. \x* \v 19 مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. \f □ \fr 10:19 \ft \+bd «مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «يىلان-چايانلار» بەلكىم شەيتاننىڭ كۈچلىرى، يەنى جىن-ئالۋاستىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «دۈشمەن» بولسا شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:19 \xt مار. 16‏:18؛ روس. 28‏:5. \x* \v 20 لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 10:20 \xt مىس. 32‏:32؛ يەش. 4‏:3؛ دان. 12‏:1؛ فىل. 4‏:3. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ خۇشاللىقى \r مات. 11‏:25-27؛ 13‏:16-17 \m \v 21 شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: \m «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.\f □ \fr 10:21 \ft \+bd «شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى...»\+bd* ــ «روھتا خۇشاللىنىپ...» بەلكىم ئۆز روھىدا خۇشاللاندى. بەزى ئالىملار «روھتا»نى «مۇقەددەس روھتا» دەپ چۈشىنىدۇ.\f*  \x + \xo 10:21 \xt ئايۇپ 5‏:12؛ يەش. 29‏:14؛ مات. 11‏:25؛ 1كور. 1‏:19؛ 2‏:7، 8؛ 2كور. 3‏:14. \x* \m \v 22 ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».\x + \xo 10:22 \xt زەب. 8‏:5-6؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 3‏:35؛ 6‏:44، 45؛ 17‏:2؛ 1كور. 15‏:27؛ فىل. 2‏:10؛ ئىبر. 2‏:8. \x* \m \v 23 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا: \m سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر! \f □ \fr 10:23 \ft \+bd «سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ ياكى «سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر مۇبارەكتۇر». «مۇبارەك» ئەسلىدە «خۇدا تەرىپىدىن بەرىكەتلەنگەي» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 10:23 \xt مات. 13‏:16. \x* \v 24 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى.\x + \xo 10:24 \xt 1پېت. 1‏:10. \x* \b \m \s1 مېھرىبان سامارىيەلىك توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 25 ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: \m ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 10:25 \ft \+bd «ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 26 ئۇ جاۋابەن: ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى.\f □ \fr 10:26 \ft \+bd «بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇنى قانداق ئوقۇيسەن؟».\f* \m \v 27 ھېلىقى كىشى جاۋابەن: \m ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.\f □ \fr 10:27 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي»\+bd* ــ «قان.» 5:6 ۋە «لاۋ.» 18:19.\f*  \x + \xo 10:27 \xt لاۋ. 19‏:18؛ قان. 6‏:5؛ 10‏:12؛ 30‏:6؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8. \x* \m \v 28 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 10:28 \ft \+bd «توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن»\+bd* ــ «خۇدانى سۆيۈش» ئۈچۈن ئۇنى تونۇش كېرەك؛ ئۇنى تونۇش ئۈچۈن ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش كېرەك (22-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 29 لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ: \m ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى.\f □ \fr 10:29 \ft \+bd «لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ،...»\+bd* ــ ياكى «لېكىن ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن...». \+bd «ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟»\+bd* ــ يەھۇدىي ئۆلىمىلار ۋە ئۇستازلارغا نىسبەتەن «بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز» پەقەت «يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز» دەپ ھېسابلاش كېرەك ئىدى. يەھۇدىي ئەمەسلەر ۋە سامارىيەلىكلەر ھەرگىز «قوشنا» ھېسابلانمايتتى.\f* \m \v 30 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ. \v 31 ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. \f □ \fr 10:31 \ft \+bd «مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ»\+bd* ــ مۇشۇ كاھىن يەھۇدىي بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەگەر ھېلىقى ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا تەگسە، «ناپاك ھېسابلىنىپ» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ۋاقىتلىق نالايىق بولاتتى. بىراق ئۇ «(يۇقىرىدىن) چۈشىۋاتىدۇ» ــ دېمەك، ئىبادەتخانىدىن باشقا يەرگە كېتىۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: «مۇشۇ ئۆلگەندەك ئادەمگە تەگسەم بولمايدۇ» دېگەن باھانىنى قىلىشى تېخىمۇ ئورۇنسىز ئىدى. چۈنكى ئۇ «ناپاك» بولۇپ قالسا، ئىبادەتخانىغا كىرىش كېرەك بولغان ۋاقىتقىچە ئاللىقاچان «پاقلىنىپ بولاتتى».\f* \v 32 شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق \add روھانىي\add* بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. \f □ \fr 10:32 \ft \+bd «بىر لاۋىيلىق روھانىي»\+bd* ــ لاۋىيلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا كاھىنلارغا ياردەمچى بولاتتى ۋە باشقا روھىي ئىشلار، جۈملىدىن تەلىم بېرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەگەر ھېلىقى كىشى ئۆلگەن بولسا، ئۇمۇ «ئۆلگەن ئادەم»گە تەگسەم «ناپاك بولىمەن»، دېگەننى باھانە قىلالايتتى.\f* \v 33 لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ \f □ \fr 10:33 \ft \+bd «بىر سامارىيەلىك...»\+bd* ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار ئۆچ كۆرگەن، «كاپىر» دەپ ھېسابلىغان خەلق ئىدى.\f* \v 34 ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. \v 35 ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ.\f □ \fr 10:35 \ft \+bd «دىنار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «دېنارىئۇس» ــ ئىككى دىنار بىر ئىشچىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ھەققىگە يېقىن.\f* \m \v 36 \add ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن\add*: \m ــ سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە \add ھەقىقىي\add* قوشنا بولغان؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 10:36 \ft \+bd «سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە ھەقىقىي قوشنا بولغان؟»\+bd* ــ مۇشۇ تەمسىل بويىچە مۇھىم سوئال «قوشنام كىم؟» ئەمەس، بەلكى «مەن دېگەن كىم؟». مەسىھنىڭ تەمسلى بويىچە، مېنىڭ يېنىمدا تۇرغان ھەرقانداق كىشىگە (قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) «قوشنا بولۇش»ۇمغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، «مەن باشقىلارغا ھەقىقىي قوشنىمەن؟».\f* \m \v 37 ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. \m ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، ــ دېدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ مارتا ۋە مەريەمدە مېھمان بولۇشى \m \v 38 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ \add مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە\add* يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى. \f □ \fr 10:38 \ft \+bd «ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە يولدا كېتىۋېتىپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ...».\f* \v 39 مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى. \v 40 ئەمدى مېھمانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن مارتا ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ئى رەب، سىڭلىمنىڭ مېنى مېھمان كۈتكىلى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىغا كارىڭ بولمامدۇ؟ ئۇنى ماڭا ياردەملىشىشكە بۇيرۇغىن! ــ دېدى. \m \v 41 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ ئەي مارتا، مارتا، سەن كۆپ ئىشلارنىڭ غېمىنى يەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. \f □ \fr 10:41 \ft \+bd «مارتا، مارتا،...»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 42 بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر؛ ۋە مەريەم شۇنىڭدىن ئۆزىگە نېسىۋە بولىدىغان ياخشى ئۈلۈشنى تاللىدى؛ بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنمايدۇ ــ دېدى.\f □ \fr 10:42 \ft \+bd «بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر»\+bd* ــ بۇ نېمە ئىش؟ مەسىھنىڭ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بايانى توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 11 \s1 دۇئا قىلىش توغرىسىدىكى تەلىم \r مات. 6‏:9-15 \m \v 1 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى؛ دۇئا ئاياغلاشقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن: \m ــ ئى رەب، يەھيا ئۆز مۇخلىسلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سەنمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتسەڭ، ــ دېدى. \m \v 2 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: \b \m «ئى ئاتا، \m سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. \m سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي. \m \v 3 ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن. \m \v 4 بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، \m سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. \m بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن».\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قەرز» چوقۇم گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \v 5 ئۇ سۆزىنى \add داۋام قىلىپ\add* ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛ \v 6 چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە، \v 7 ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «بالىلىرىم ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق».\f* \v 8 سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن...»\+bd* ــ «خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 9 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. \x + \xo 11:9 \xt مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5، 6؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. \x* \v 10 چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. \v 11 ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ \x + \xo 11:11 \xt مات. 7‏:9. \x* \v 12 تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ \v 13 ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟ \b \m \s1 ئەيسا «بەئەلزەبۇل»، يەنى شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر \r مات. 12‏:22-30؛ مار. 3‏:20-27 \m \v 14 ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. \f □ \fr 11:14 \ft \+bd «جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ ھەيران بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى، يەھۇدىي ئۆلىمىلارنىڭ پىكرىچە، جىننى ھەيدەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى جىندىن سوراش كېرەك. جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىسمىنى ئېيتسا، ئاندىن شۇ ئىسمىنى ئىشلىتىپ جىننى ھەيدىگىلى بولاتتى. ئەمدى جىن ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان بولسا، جىننىڭ ئىسمىنى بىلىش، شۇنداقلا ئۇنى ھەيدەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.\f*  \x + \xo 11:14 \xt مات. 9‏:32؛ 12‏:22. \x* \v 15 بىراق ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ دېدى. \f □ \fr 11:15 \ft \+bd «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ»\+bd* ــ «بەئەلزىبۇل» (ياكى، «بەئەلزىبۇب») جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتاننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:15 \xt مات. 9‏:34؛ 12‏:24؛ مار. 3‏:22. \x* \v 16 ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى. \f □ \fr 11:16 \ft \+bd «بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ...»\+bd* ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت» ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 17 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ۋە ھەرقانداق ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. \x + \xo 11:17 \xt مات. 12‏:25؛ مار. 3‏:24. \x* \v 18 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ چۈنكى سىلەر مېنى، «جىنلارنى بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. \v 19 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! \f □ \fr 11:19 \ft \+bd «ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى شەرھى بار: ــ \fp (1) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ پەرىسىيلەرنىڭ ئۆز تالىپ-ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا پەرىسىيلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرى جىنلارنى ھېچ ھەيدىيەلمەيتتى. ئۇنداقتا شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىغا ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئەيسا ۋە مۇرىتلىرىمۇ، ياكى پەرىسىيلەرمۇ؟ پەرىسىيلەرنىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جىننى ھەيدەشكە كۈچسىز بولغانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. \fp (2) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى (ئىسرائىللارنىڭ ئوغۇللىرىنى) كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئەيسالا ئەمەس، ئۇلارمۇ جىنلارنى ھەيدىيەلەيدىغان بولغان؛ شۇڭا ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ خۇدانىڭ كۈچى بىلەن جىن-شەيتانلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. \fp بىزنىڭچە (1)-كۆزقاراش توغرا. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 20 لېكىن مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولغان بولىدۇ. \f □ \fr 11:20 \ft \+bd «مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام...»\+bd* ــ «خۇدانىڭ بارمىقى» ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ لېكىن جىنلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خۇدا پۈتكۈل بېلىكىنى ئەمەس، پەقەت «بارمىقى»نى ئازراق مىدىرلىتىپ قويسىلا كۇپايە.\f* \v 21 تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ؛ \v 22 لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلىپ ئۆزىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.\f □ \fr 11:22 \ft \+bd «تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ... »\+bd* ــ (10-ئايەت) بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى»، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.\f* \m \v 23 مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە \add ئادەملەرنى\add* يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. \b \m \v 24 ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، ئۇ قۇرغاق جايلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ؛ بىراق تاپالمىغاندىن كېيىن، «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي!» دەيدۇ. \f □ \fr 11:24 \ft \+bd «ناپاك روھ»\+bd* ــ جىننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:24 \xt مات. 12‏:43. \x* \v 25 شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، \v 26 بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ.\f □ \fr 11:26 \ft \+bd «ناپاك روھ....بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ تەمسىل ھەم جىن چاپلىشىشتىن قۇتقۇزۇلغان ئادەمنىڭ ھەقىقىي بىر خەتىرىنى ۋە شۇنداقلا كۆچمە مەنىدە يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ماتتا»دىكى («مات.» 43:12-45 توغرىسىدا) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:26 \xt يـۇھ. 5‏:14؛ ئىبر. 6‏:4، 5؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:20. \x* \b \m \s1 ھەقىقىي بەخت \m \v 27 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: \m ــ سېنى كۆتۈرگەن قورساق ۋە ئېمىتكەن ئەمچەك بەختلىكتۇر! ــ دېدى. \m \v 28 بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى.\x + \xo 11:28 \xt مات. 7‏:21؛ يـۇھ. 6‏:29؛ رىم. 2‏:13. \x* \b \m \s1 كارامەت كۆرسىتىش تەلىپى \r مات. 12‏:38-42؛ مار. 8‏:12 \m \v 29 شۇ چاغدا، توپ-تاپ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، ئۇ مۇنداق سۆزلەشكە باشلىدى: \m ــ بۇ دەۋر دەرۋەقە رەزىل بىر دەۋردۇر؛ ئۇ مۆجىزىلىك بىر ئالامەتنىڭ كۆرىستىلىشنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «... بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ»\+bd* ــ «مات.» 39:12-40-ئايەتلەرگە قارالسۇن («يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ»).\f*  \x + \xo 11:29 \xt يۇن. 2‏:1،11. \x* \v 30 چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەرگە ئالامەت-كارامەت بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ بۇ دەۋرگە يەنە شۇنداق بولىدۇ. \m \v 31 قىيامەت كۈنى «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. \m \f □ \fr 11:31 \ft \+bd «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ»\+bd* ــ «شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى»نى كۆرسىتىدۇ («1پاد.» 1:10-10نى كۆرۈڭ). «شەبا» بەلكىم جەنۇبىي ئەرەبىستاننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:31 \xt 1پاد. 10‏:1؛ 2تار. 9‏:1؛ مات. 12‏:42. \x* \m \v 32 قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ!\f □ \fr 11:32 \ft \+bd «قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ!»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەر (29، 30 ۋە 32-)دە ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تىرىك چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. تەۋرات، «يۇنۇس» 1-2-بابلارنى ۋە شۇ كىتابتىكى «يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئالامەت-كارامىتى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ» ــ دېمەك، «بۇتپەرەس نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بولغان مەسىھ سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار».\f*  \x + \xo 11:32 \xt يۇن. 3‏:5. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ يورۇقلۇقىنى كىشىلەر پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك \r مات. 5‏:15؛ 6‏:22-23 \m \v 33 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن جايدا قويماس، ياكى ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. \f □ \fr 11:33 \ft \+bd «...ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس»\+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «ئۆلچەم سېۋەت».\f*  \x + \xo 11:33 \xt مات. 5‏:15؛ مار. 4‏:24؛ لۇقا 8‏:16. \x* \m \v 34 تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. \f □ \fr 11:34 \ft \+bd «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي» دېگەن مەنىسى بار. دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ۋە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ....» دېگەن بولىدۇ. \+bd «ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا،...»\+bd* ــ «خۇنۈك» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ»\+bd* ــ تەۋرات، «پەند.» 27:20نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:34 \xt مات. 6‏:22. \x* \v 35 شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن! \f □ \fr 11:35 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن!»\+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق گەپ ساختىپەزلىكنى كۆزدە تۇتىدۇ. چۈنكى بىرسى ساختىپەزلىكنى قىلىپ: «مەندە يورۇقلۇق (ھەقىقەت) بار» دەپ تۇرۇۋالسا، ئاخىر بېرىپ چوقۇم ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدۇ؛ ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بولغان قاراڭغۇلۇق ئادەتتىكى «گۇناھكار» كىشىلەردە بولغان قاراڭغۇلۇقتىن تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشىلەردە بولغان «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇقتۇر. مۇنداق ساختىپەزلىك ئادەتتە پەقەت مەلۇم ئېتىقادى بار كىشىلەر ياكى دىندارلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ.\f* \v 36 ئەمدى ئەگەر بارچە ۋۇجۇدۇڭ يورۇق بولسا ۋە ئۇنىڭ ھېچ يېرى قاراڭغۇ بولمىسا، ۋۇجۇدۇڭ خۇددى چىراغ پارلاق نۇرى بىلەن سېنى يورۇتقاندەك تامامەن ئايدىڭ بولىدۇ. \b \m \s1 پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئەيىبلەش \r مات. 23‏:1-36؛ مار. 12‏:38-40؛ لۇقا 20‏:45-47 \m \v 37 ئەيسا سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە غىزاغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. \f □ \fr 11:37 \ft \+bd «...داستىخاندا ئولتۇردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «...داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىي خەلقى داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى.\f* \v 38 لېكىن ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. \f □ \fr 11:38 \ft \+bd «ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقى «تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش» پەقەت سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلارغا بىر خىل دىنىي ساۋاب يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنداق قىلماسلىق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قالدۇرغان قائىدە-يوسۇنلىرىغا سەل قاراپ ئۇلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىككە باراۋەر ئىدى. شۈبھىسىزكى، مەسىھ شۇ چاغدا قەستەن قول يۇماي داستىخاندا ئولتۇرغانىدى.\f* \v 39 لېكىن رەب ئۇنىڭغا: \m ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر. \x + \xo 11:39 \xt مات. 23‏:25؛ تىت. 1‏:15. \x* \m \v 40 ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقۇچى ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟! \v 41 ئەمدى ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ.\f □ \fr 11:41 \ft \+bd «ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پىيالە ئىچىدىكىدىن سەدىقە بېرىڭلار، ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ». لېكىن بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە مەسىھ ئىنساننىڭ \+bd ئۆز ئىچىنى\+bd* خۇداغا بېغىشلاش كېرەكلىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:41 \xt يەش. 58‏:7؛ دان. 4‏:24؛ لۇقا 12‏:33. \x* \m \v 42 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر. دەرۋەقە، ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك.\f □ \fr 11:42 \ft \+bd «سىلەر \+bd*\+bdit پەرىسىيلەر\+bdit* ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا تەۋرات قانۇنىدا ئىبادەتخانىدىكى ئىشلار ۋە كاھىنلارنىڭ كىرىمى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى تەلەپ قىلغانىدى. \+bd «بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر»\+bd* ــ ئەيسانىڭ «خۇدانىڭ مۇھەببىتى» دېگىنى ھەم خۇدا ئىنسانلارغا باغلىغان مۇھەببەت ھەم ئىنسانلار خۇداغا باغلاش كېرەك بولغان مۇھەببەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.\f*  \x + \xo 11:42 \xt 1سام. 15‏:22؛ ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 12‏:7؛ 23‏:23. \x* \m \v 43 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان \add ھۆرمەتلىك\add* سالاملىرىغا ئامراقسىلەر. \f □ \fr 11:43 \ft \+bd «سىلەر \+bd*\+bdit پەرىسىيلەر\+bdit*... بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان \+bdit ھۆرمەتلىك\+bdit* سالاملىرىغا ئامراقسىلەر» ــ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز «ئۇستازلىرى»غا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز.\f*  \x + \xo 11:43 \xt مات. 23‏:6؛ مار. 12‏:38؛ لۇقا 20‏:46. \x* \v 44 سىلەرگە ۋاي! چۈنكى سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر! ــ دېدى.\f □ \fr 11:44 \ft \+bd «...سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر!»\+bd* ــ يەھۇدىي موللىلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا شەرھ بېرىشىچە «قەبرىلەرگە تېگىش» ئادەمنى كەچ كىرگۈچە «ناپاك» قىلاتتى، يۇيۇنۇش كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 11:44 \xt مات. 23‏:27. \x* \m \v 45 تەۋرات ئەھلىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، بۇلارنى ئېيتقىنىڭ بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! ــ دېدى. \m \v 46 ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ، ئەمما ئۆزۈڭلار بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىڭلارنى تەگكۈزمەيسىلەر! \f □ \fr 11:46 \ft \+bd «سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ،...»\+bd* ــ «ئېغىر يۈكلەر» ھەر تۈرلۈك قاتتىق دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:46 \xt يەش. 10‏:1؛ مات. 23‏:4؛ روس. 15‏:10. \x* \v 47 سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. \x + \xo 11:47 \xt مات. 23‏:29. \x* \v 48 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر. \f □ \fr 11:48 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار\+bdit* پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر» ــ يەھۇدىي خەلقى دائىم «ئۇلۇغ ئاتا-بوۋىلىرىمىز» «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇقەددەس قائىدە-يوسۇنلار» دەيتتى. ئۇلار مۇشۇ «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇقەددەس قائىدە-يوسۇنلار»غا چىڭ ئېسىلىۋالاتتى، لېكىن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيتتى، ۋە ئۇلارنىڭ ھازىر ئاتا-بوۋىلىرىدەك خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە، ھەتتا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھگە بولغان زىيانكەشلىكلىرى توغرۇلۇق ھېچ ئويلانمايتتى (49-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 49 بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ». \f □ \fr 11:49 \ft \+bd ««خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ»»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر مەلۇم پەيغەمبەر ئېيتقان سۆز بولمىغىنى بىلەن، ئۇ كۆپ بېشارەتلەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشىدۇر.\f*  \x + \xo 11:49 \xt مات. 10‏:16؛ لۇقا 10‏:3؛ يـۇھ. 16‏:2؛ روس. 7‏:51؛ ئىبر. 11‏:35. \x* \v 50‏-51 شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى \add ئىبادەتخانىدىكى\add* قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان \add كاھىن\add* زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ!\f □ \fr 11:50‏-51 \ft \+bd «يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان كاھىن زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر...»\+bd* ــ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «يار.» 8:4-11نى، زەكەرىيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «2تار.» 20:24-22نى كۆرۈڭ. بۇ ئىككى ۋەقە يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە تەۋراتنىڭ ئەڭ بېشىدا ۋە ئەڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 11:50‏-51 \xt يار. 4‏:8؛ 2تار. 24‏:21؛ ئىبر. 11‏:4. \x* \m \v 52 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى ھېكمەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار ۋە كىرەي دېگەنلەرنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار.\x + \xo 11:52 \xt مات. 23‏:13. \x* \m \v 53 ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قىستىدى \f □ \fr 11:53 \ft \+bd «ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ بۇلارنى ئېيتقاندا،...».\f* \v 54 ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا سۆزىدىن بىرەر ئەيىب تېپىۋېلىشقا پايلاپ يۈرەتتى. \b \b \m \c 12 \s1 ساختىپەزلىكتىن ھوشيار بولۇش \r مات. 10‏:19-20؛ 10‏:28-33؛ 12‏:32 \m \v 1 شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: \m ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار. \f □ \fr 12:1 \ft \+bd «پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار»\+bd* ــ «مات.» 1:16-12نىمۇ كۆرۈڭ. مۇقەددەس يازمىلاردا ئېچىتقۇ (خېمىرتۇرۇچ) كۆپ يەرلەردە تەكەببۇرلۇق ۋە ساختىپەزلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 12:1 \xt مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:15. \x* \v 2 چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ.\x + \xo 12:2 \xt ئايۇپ 12‏:22؛ مات. 10‏:26؛ مار. 4‏:22؛ لۇقا 8‏:17. \x* \v 3 شۇڭا سىلەرنىڭ قاراڭغۇدا ئېيتقانلىرىڭلار يورۇقتا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۆينىڭ ئىچكىرىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلارمۇ ئۆگزىلەردە جاكارلىنىدۇ.\f □ \fr 12:3 \ft \+bd «خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قۇلاققا ئېيتقىنىڭلار».\f* \m \v 4 مەن سىلەر دوستلىرىمغا شۇنى ئېيتىمەنكى، تەننى ئۆلتۈرۈپ، باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار.\x + \xo 12:4 \xt يەش. 51‏:7؛ يەر. 1‏:8؛ مات. 10‏:28. \x* \v 5 لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! \m \v 6 بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىمۇ خۇدا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق.\f □ \fr 12:6 \ft \+bd «بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟»\+bd* ــ «تىيىن» گرېك تىلىدا «ئاسسارىيون». «ئىككى تىيىن» ــ شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/8 قىسمى ئىدى.\f*  \x + \xo 12:6 \xt مات. 10‏:29. \x* \v 7 لېكىن ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر!\x + \xo 12:7 \xt 1سام. 14‏:45؛ 2سام. 14‏:11؛ 1پاد. 1‏:52؛ لۇقا 21‏:18. \x* \b \m \s1 ئەيسانى ئېتىراپ قىلىش ۋە قىلماسلىق \m \v 8 ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ.\x + \xo 12:8 \xt مات. 10‏:32. \x* \v 9 بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ.\x + \xo 12:9 \xt مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 9‏:26؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1يۇھ. 2‏:23. \x* \m \v 10 ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان ھەرقانداق كىشى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.\f □ \fr 12:10 \ft \+bd «مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش»\+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 12:10 \xt 1يۇھ. 5‏:16. \x* \m \v 11 لېكىن كىشىلەر سىلەرنى سىناگوگلارغا ياكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «\add ئەرزگە\add* قانداق جاۋاب بەرسەم؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. \x + \xo 12:11 \xt مات. 10‏:19؛ مار. 13‏:11؛ لۇقا 21‏:14. \x* \v 12 چۈنكى نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ. \b \m \s1 ئەقىلسىز باي ھەققىدىكى تەمسىل \m \v 13 كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، ئاكامغا \add ئاتىمىزدىن\add* \add قالغان\add* مىراسنى مەن بىلەن تەڭ ئۈلىشىشكە بۇيرۇغايلا ــ دېدى. \m \v 14 لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟ ــ دېدى. \f □ \fr 12:14 \ft \+bd «بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟»\+bd* ــ «مىس.» 14:2نى كۆرۈڭ. مەسىھ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ رولىنى رەت قىلدى. بۇ مۇھىم ھەقىقەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 15 ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: ــ پەخەس بولۇپ ئۆزۈڭلارنى ھەرخىل تاماخورلۇقتىن ساقلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەستۇر، دېدى.\x + \xo 12:15 \xt 1تىم. 6‏:7. \x* \m \v 16 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: \m ــ «بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. \v 17 ئۇ كۆڭلىدە «قانداق قىلاي؟ چۈنكى بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويغۇدەك يېرىم يوق» ــ دەپ ئويلاپتۇ. \v 18 ئاندۇن ئۇ: ــ «مۇنداق قىلاي: ــ ھازىرقى ئامبارلىرىمنى چۇۋۇۋېتىپ، تېخىمۇ چوڭىنى ياساپ، بارلىق مەھسۇلاتلىرىم ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە يىغىپ ساقلاي! \v 19 ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ.\x + \xo 12:19 \xt توپ. 11‏:9؛ 1كور. 15‏:32؛ ياق. 5‏:5. \x* \m \v 20 لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا: \m «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا جېنىڭ سەندىن تەلەپ قىلىپ ئېلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ توپلىغىنىڭ كىمگە قالىدۇ؟» دەپتۇ.\x + \xo 12:20 \xt زەب. 39‏:6؛ زەب. 52‏:7؛ توپ. 2‏:18، 19؛ يەر. 17‏:11. \x* \m \v 21 خۇدانىڭ ئالدىدا دۆلەتمەن بولماي، ئۆزىگە خەزىنە يىغقاننىڭ ھالى شۇنداق بولار». \b \m \s1 ئېتىقادچىلار ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەك \r مات. 6‏:19-21، 25-34 \m \v 22 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: \m ــ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، تۇرمۇشۇڭلار توغرۇلۇق، نېمە يەرمىز ياكى نېمە كىيەرمىز، دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. \x + \xo 12:22 \xt زەب. 55‏:22؛ مات. 6‏:25؛ فىل. 4‏:6؛ 1تىم. 6‏:8؛ 1پېت. 5‏:7. \x* \v 23 چۈنكى ھاياتلىق يېمەكلىكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىزدۇر. \v 24 قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە! \x + \xo 12:24 \xt ئايۇپ 38‏:41؛ زەب. 147‏:9. \x* \v 25 ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ \f □ \fr 12:25 \ft \+bd «قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالايسىلەر؟».\f*  \x + \xo 12:25 \xt مات. 6‏:27. \x* \v 26 ئەگەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن قالغان ئىشلار توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىسىلەر؟ \v 27 نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاقمۇ ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەنىڭ بىر گۈلىچىلىكىمۇ يوق ئىدى. \f □ \fr 12:27 \ft \+bd «نېلۇپەرلەر...»\+bd* ــ ياكى «ياۋا گۈل-گىياھلار...». \+bd «سۇلايمان»\+bd* ــ ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايمان.\f* \v 28 ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟! \v 29 شۇنداق ئىكەن، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار، ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلماڭلار. \f □ \fr 12:29 \ft \+bd «...باش قاتۇرماڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «....(يېمەكلىككە) ئىنتىلمەڭلار».\f* \v 30 چۈنكى ھەرقايسى ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بىراق ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ \f □ \fr 12:30 \ft \+bd «ھەرقايسى ئەلدىكىلەر...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇ دۇنيادىكى (يات) ئەللەردىكىلەر». «يات ئەللەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى؛ مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 31 شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.\x + \xo 12:31 \xt 1تار. 3‏:13؛ زەب. 37‏:25. \x* \m \v 32 قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى. \f □ \fr 12:32 \ft \+bd «ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى»\+bd* ــ «پادىشاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئۆز پادىشاھلىقى، ئەلۋەتتە.\f* \v 33 مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، \add كەمبەغەللەرگە\add* خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ ــ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ. \x + \xo 12:33 \xt مات. 6‏:20؛ 19‏:21؛ لۇقا 16‏:9؛ 1تىم. 6‏:19. \x* \v 34 چۈنكى بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. \b \m \s1 مەسىھنىڭ كېلىشىگە تەييار بولۇڭلار! \r مات. 24‏:45-51 \m \v 35 سىلەر بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىڭلارنى ياندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ \x + \xo 12:35 \xt ئ‍ەف. 6‏:14؛ 1پېت. 1‏:13. \x* \v 36 خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ. \v 37 خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ! \v 38 ۋە ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر!\f □ \fr 12:38 \ft \+bd «ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر!»\+bd* ــ يەھۇدىيلار كېچە ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا ئۈچ جېسەك، رىملىقلار بولسا تۆت جېسەك دەپ ھېسابلايتتى.\f*  \x + \xo 12:38 \xt مات. 24‏:42. \x* \m \v 39 لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى! \f □ \fr 12:39 \ft \+bd «ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى!»\+bd* ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ «ئوغرىدەك» (كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا) كېلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 12:39 \xt مات. 24‏:43؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. \x* \v 40 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ.\x + \xo 12:40 \xt مات. 24‏:44؛ 25‏:13؛ مار. 13‏:33؛ لۇقا 21‏:34؛ 1تېس. 5‏:6. \x* \m \v 41 پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭمۇ ياكى ھەممەيلەنگە قارىتىپمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 42 رەب مۇنداق دېدى: \m ــ خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟ \f □ \fr 12:42 \ft \+bd «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە...»\+bd* ــ «ئۆيدىكىلەر» مۇشۇ يەردە ئۆيدىكى خىزمەتكارلار ۋە چاكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىسى خۇداغا تەۋەدىكىلەر، يەنى بارلىق ئىشەنگۈچىلەر دېگەنلىكتۇر. \+bd «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، رەب بۇ تەمسىلنى ھەممىدىن ئاۋۋال پېترۇسنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تەتبىقلىشىنى خالىدى، ئاندىن قالغان روسۇللار، ئاندىن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قارىتىپ ئېيتقان.\f*  \x + \xo 12:42 \xt مات. 24‏:45؛ 25‏:21؛ 1كور. 4‏:2. \x* \v 43 خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! \v 44 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. \v 45 لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا، \v 46 شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. \m \v 47 ئەمدى خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييارلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلمىغان چاكار بولۇشىغا تاياق يەيدۇ. \x + \xo 12:47 \xt ياق. 4‏:17. \x* \v 48 بىراق خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان چاكار ئازراق تاياق يەيدۇ. كىمگە كۆپ بېرىلسە، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئادەملەر كىمگە كۆپ ئامانەت قويغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ. \b \m \s1 مەسىھنىڭ تۇتاشتۇرماقچى بولغان ئوتى \r مات. 10‏:34-36 \m \v 49 مەن يەر يۈزىگە ئوت تاشلاپ تۇتاشتۇرۇشقا كەلدىم ۋە بۇ ئوتنىڭ تۇتىشىشىغا نەقەدەر تەقەززامەن! \v 50 لېكىن مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن! \f □ \fr 12:50 \ft \+bd «مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن!»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «چۆمۈلدۈرۈش» شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدۇر. بۇ توغرۇلۇق «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مۇشۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن مۇقەددەس روھنىڭ ئوتى يەر يۈزىدە تۇتۇشتۇرۇلىدۇ. «روس.» 2-بابنى كۆرۈڭ!\f*  \x + \xo 12:50 \xt مات. 20‏:22؛ مار. 10‏:38؛ ئ‍ەف. 4‏:5\x* \v 51 سىلەر مېنى يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ياق، مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! \x + \xo 12:51 \xt مات. 10‏:34. \x* \v 52 چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئۆيدىكى بەش كىشى بۆلۈنىدۇ؛ ئۈچى ئىككىسىگە قارسى ۋە ئىككىسى ئۈچىگە قارشى بۆلۈنىدۇ. \v 53 ئاتا ئوغلىغا ۋە ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا ۋە قىز ئانىسىغا، قېينئانا كېلىنىگە ۋە كېلىن قېينئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ.\x + \xo 12:53 \xt مىك. 7‏:6\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بېشارەتلىك ئالامەتلەر \r مات. 16‏:2-3 \m \v 54 ئەيسا يەنە توپلاشقان ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: \m ــ سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتىن بۇلۇتنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، دەرھال «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر، ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. \v 55 جەنۇب تەرەپتىن شامالنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. \v 56 ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر يەر بىلەن كۆكنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، قانداقسىگە بۇ زاماننى پەرق ئېتەلمەيسىلەر؟! \m \v 57 ئەمدى نېمىشقا قايسى ئىشلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! \x + \xo 12:57 \xt مات. 5‏:25-26\x* \v 58 چۈنكى دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ دوست بولۇشقا ئىنتىلگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ ۋە گۇندىپاي سېنى زىندانغا تاشلايدۇ. \v 59 مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، \add قەرزىڭنىڭ\add* ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايسەن.\f □ \fr 12:59 \ft \+bd «ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە»\+bd* ــ «تىيىن» گرېك تىلىدا «لەپتون» ــ پۇلنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى، شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/128 قىسمى ئىدى. \+bd «دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ دوست بولۇشقا ئىنتىلگىن؛ .. بولمىسا... ... ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايسەن»\+bd* ــ بۇ كۆپ ئەھۋاللىرىمىزغا ماس كېلىدىغان ئىنتايىن ئەمەلىي نەسىھەت، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ يەردە بەلكىم تەمسىل بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى مەسىھنىڭ سۆزلىرىدە «ئەگەر... بولسا» دېگەن سۆز يوق. دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ئەرزى بار ئىدى؛ بۇ ئەرز قىلغۇچى بولسا بەلكىم خۇدا ئۆزىدۇر. ھازىر «ياراشتۇرۇلۇپ دوست بولۇش»نىڭ توۋا قىلىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ھەرھالدا ۋاقتى چەكلىكتۇر. تۆۋەندىكى 13-بابنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 13 \s1 توۋا قىلىش ياكى ھالاك بولۇش \m \v 1 شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا \add ۋالىي\add* پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان \add ئىبادەتخانىدىكى\add* قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.\f □ \fr 13:1 \ft \+bd «... ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ... ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقى»\+bd* ــ ئايەتتە «ئىبادەتخانا» دېگەن سۆز يوق. بىراق قۇربانلىق قىلىش باشقا يەردە بولمايتتى. «...قانلىرىنى... قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇردى» ــ دېمەك، پىلاتۇس ئۇلارنى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى.\f* \m \v 2 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ \v 3 مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.\f □ \fr 13:3 \ft \+bd «ھەممىڭلار ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم رىم ئىمپېرىيەسى مىلادىيە 10-يىلىدا يېرۇسالېم ۋە باشقا شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ دوزاخنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. 5-ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ شۇنداق.\f* \v 4 سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟\f □ \fr 13:4 \ft \+bd «سىلوئام»\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «شىلوئاھ») يېرۇسالېمدىكى بىر مەھەللە. «نەھ.» 15:3 ۋە «يەش.» 6:8نى كۆرۈڭ. \+bd «سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟»\+bd* ــ «قەبىھ» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «قەرزدار» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 5 مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. \b \m \s1 توۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى ــ مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخ \m \v 6 ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: \m ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ. \v 7 ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ. \v 8 لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. \v 9 ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن. \b \m \s1 شابات كۈنى دوك ئايالنى ساقايتىش \m \v 10 بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. \v 11 مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. \f □ \fr 13:11 \ft \+bd «... ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ...»\+bd* ــ «جىن» ــ گرېك تىلىدا «روھ». \+bd «ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى»\+bd* ــ «ئۆرە تۇرالمايدىغان» گرېك تىلىدا «بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان».\f* \v 12 ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: \m ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى. \v 13 ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. \m \v 14 بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: \m ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 13:14 \ft \+bd «سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ...»\+bd* ــ ئۇنىڭ غەزەپلىنىشىنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار ئىدى: (1) ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئايال كىشى سىناگوگنىڭ ئوتتۇرىغا كەلمەسلىكى كېرەك ئىدى (ئۇلار كەينىدە ئولتۇراتتى ياكى تۇراتتى)؛ (2) يەنە قائىدىلىرى بويىچە ئەر كىشى ئايال كىشىگە ھېچ تەگمسەلىكى كېرەك، ھەتتا ئادەتتە ناتونۇش ئايال كىشىگە گەپ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى؛ (3) ئەيسا شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتتى.\f*  \x + \xo 13:14 \xt مىس. 20‏:9؛ قان. 5‏:13؛ ئ‍ەز. 20‏:12. \x* \m \v 15 شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! \f □ \fr 13:15 \ft \+bd «ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! »\+bd* ــ بۇنى «ئىشلەش» ياكى «خىزمەت قىلىش» دەپ ھېسابلاشقا بولسىمۇ، ئىنسان بۇ زۇۋانسىز ھايۋانلارغا مۇشۇنداق «ئىنسانپەرۋەرلىك» كۆرسەتمىسە، تولىمۇ رەھىمسىزلىك بولاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانغا رەھىم كۆرسىتىشكە بولمامدۇ؟!\f*  \x + \xo 13:15 \xt مىس. 23‏:5؛ قان. 22‏:4؛ لۇقا 14‏:5. \x* \v 16 ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟!\f □ \fr 13:16 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال»\+bd* ــ «ئىبراھىمنىڭ قىزى» دېگەن ئىبارە ئايالنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا بەلكىم ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئېتىقاد بولغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى. \b \m \s1 خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇرۇق ۋە خېمىرتۇرۇچقا ئوخشىتىدىغان تەمسىللەر \r مات. 13‏:31-33؛ مار. 4‏:30-32 \m \v 18 ئۇ سۆزىنى \add داۋاملاشتۇرۇپ\add* مۇنداق دېدى: \m ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ \x + \xo 13:18 \xt مات. 13‏:31؛ مار. 4‏:30. \x* \v 19 ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى.\f □ \fr 13:19 \ft \+bd «ئۇ \+bd*\+bdit ، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى\+bdit* گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ» ــ «قىچا ئۇرۇقى» ئاسىيادىكى بارلىق ئۇرۇقلار ئىچىدە ئەڭ كىچىكى. \+bd «ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى»\+bd* ــ ئادەتتە قىچا ئۆسۈپ يېتىلگەندە 2-3 مېترلىق كۆچەت بولىدۇ. لېكىن بۇ تەمسىلدۇر؛ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بەزى جەھەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى بولىدۇ. \fp ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، تەمسىللەردە «قۇشلار» ئادەتتە جىن-شەيتانلارنى بىلدۈرىدۇ (مەسىلەن، 5:8نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 20‏-21 ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى.\f □ \fr 13:20‏-21 \ft \+bd «ئۈچ جاۋۇر ئۇن»\+bd* ــ (ياكى «ئۈچ كۈرە ئۇن») گرېك تىلىدا «ئۈچ ساتون»، ئىبرانىي تىلىدا «ئۈچ سېئاھ». بىر «ساتون» 7 كىلوگرام ئىدى؛ بۇ خېلى كۆپ ئۇن بولۇپ، يۈز ئادەمنىڭ تامىقىغا يېتەتتى. «يار.» 6:18نى كۆرۈڭ. \fp ئوقۇرمەنلەرگە يەنە ئايانكى، تەمسىللەردە «ئېچىتقۇ» ياكى «خېمىرتۇرۇچ» ئادەتتە يامان تەسىرلەر (تەكەببۇرلۇق، ساختىپەزلىك)نى بىلدۈرىدۇ (مەسىلەن، 1:12نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 13:20‏-21 \xt مات. 13‏:33. \x* \b \m \s1 ھاياتنىڭ تار ئىشىكى \r مات. 7‏:13-14، 21-23 \m \v 22 \add ئەيسا\add* يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. \x + \xo 13:22 \xt مات. 9‏:35؛ مار. 6‏:6. \x* \v 23 بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: \m ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: \m \v 24 ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. \x + \xo 13:24 \xt مات. 7‏:13. \x* \v 25 ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. \x + \xo 13:25 \xt مات. 25‏:11،12؛ لۇقا 6‏:46. \x* \v 26 ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، \v 27 ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. \x + \xo 13:27 \xt زەب. 6‏:8؛ مات. 7‏:23؛ 25‏:12،41. \x* \v 28 سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. \x + \xo 13:28 \xt مات. 8‏:11، 12؛ 13‏:42؛ 24‏:51. \x* \v 29 ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. \f □ \fr 13:29 \ft \+bd «كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ»\+bd* ــ «مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن» كەلگەنلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئولتۇرىدۇ» باشقا ئىزاھاتلاردا كۆرسىتىلگەندەك گرېك تىلىدا «ياتىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 13:29 \xt يەش. 2‏:2؛ مال. 1‏:11؛ مات. 8‏:11. \x* \v 30 شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ. \f □ \fr 13:30 \ft \+bd «ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاخىرقىلاردىن بىرىنچىسى بولىدىغانلار بار بولىدۇ، بىرىنچىلەردىن ئاخىرقىسى بولىدىغانلار بار بولىدۇ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. \fp بۇ ئاجايىب ھەقىقەتنىڭ كۆپ جەھەتلىرى بار؛ بىراق روشەنكى، شۇ كۈنىدە خۇدا ئەسلى چاقىرغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ ۋە ئەسلى بۇتپەرەس بولغان يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭدا ئىززەتكە ئېرىشىدۇ.\f*  \x + \xo 13:30 \xt مات. 19‏:30؛ 20‏:16؛ مار. 10‏:31. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا باغلىغان مېھىر-مۇھىببىتى \r مات. 23‏:37-39 \m \v 31 دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى. \m \v 32 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار. \f □ \fr 13:32 \ft \+bd «ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۈچىنچى كۈنى نىشانىمغا يېتىمەن» ياكى «ئۈچىنچى كۈنى ئىشلىرىمنى تامام قىلىمەن». لېكىن ئىشىنىمىزكى، تەرجىمىمىز گرېك تىلىغا سادىقتۇر. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار»\+bd* ــ بۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى بەلكىم: «ماڭا قالغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خۇدا ماڭا بېكىتكەن پىلانى بويىچە سەندىن قورقماي ئىشلەۋېرىمەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەن خۇدادىن تاپشۇرۇۋالغان ۋەزىپەمنى تامام قىلىمەن ۋە شۇنداقلا ئۆزۈم «تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن»» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەسىھنىڭ «تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن» دېگەن سىرلىق سۆزى، شۈبھىسىزكى، كۆپ جەھەتلىكتۇر. «ئىبر.» 10:2دە ئوخشاش ھەقىقەت تېپىلىدۇ ۋە «ئىبرانىيلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 33 ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس.\f □ \fr 13:33 \ft \+bd «ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر»\+bd* ــ ئەيسا بۇ سۆزنى قىلغاندا تېخى گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئىدى. ھېرودنىڭ يېرۇسالېم بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى، گالىلىيەنى ئىدارە قىلاتتى. شۇڭا بۇ 32-ئايەتتىكى سۆزنىڭ داۋامى: «مەنكى مەسىھ يېرۇسالېمغا بېرىشىم كېرەك، لېكىن ئۇنداق قىلىشىم ھېرودتىن قېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پىلانى بولغانلىقى ئۈچۈن» دېگەندەك مەنىدە. \+bd «چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولما.»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ. بۇ «كاپىر» ھېرود خان گالىلىيەنى باشقۇرغىنى بىلەن مەسىھكە خەتىرى بولمايدۇ، لېكىن «خۇدانىڭ گۈزەل شەھىرى»دە تۇرۇۋاتقانلار ئاخىر بېرىپ ئەيسانى ئۆلتۈرىدۇ. \fp بۇ جۈملىدىكى «مۇمكىن بولماس» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئەقىل يەتمەس».\f* \m \v 34 ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار. \f □ \fr 13:34 \ft \+bd «ئەي «يېرۇسالېم، يېرۇسالېم!»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم»\+bd* ــ «سېنىڭ بالىلىرىڭ» يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 13:34 \xt زەب. 17‏:8؛ 91‏:4؛ مات. 23‏:37. \x* \v 35 مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. \f □ \fr 13:35 \ft \+bd «مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ»\+bd* ــ «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار» مۇشۇ بېشارەتتە: (1) مۇقەددەس ئىبادەتخانا (ئۇ كىنايىلىك بىلەن «خۇدانىڭ ئۆيى» دېمەيدۇ): (2) پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى رىملىقلار مىلادىيە 70-يىلىدا كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلىدۇ ۋە يەھۇدىي خەلقىنى دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا تارقىتىۋېتىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!»\+bd* ــ بۇ بولسا يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەسىھنى قارشى ئېلىشىدا دېيىشىگە تېگىشلىك سۆزلەردۇر. مەسىھ يېرۇسالېمغا كىرگەندە گەرچە مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەر شۇنداق سۆزنى قىلغىنى بىلەن («لۇقا» 28:19-48نى، بولۇپمۇ 38-ئايەتنى كۆرۈڭ)، (1) ئۇلارنىڭ ئۇنداق دېگەنلىرى ساپ ئېتىقادتىن بولمىغان؛ (2) پۈتۈن خەلق ئۇنداق دېگىنى يوق، بەلكى ئىشەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ مۇشۇ دۇنياغا قايتا كېلىشى، شۇنداقلا يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۇنى قايتا كۆرۈشى ئۈچۈن پۈتكۈل خەلق ئاۋۋال ئۇنى «مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمىز»، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچى» دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكتۇر (بۇ بېشارەت «رىم.» 25:11-27، «زەك.» 7:12-14 ۋە باشقا يەرلەردە تېپىلىدۇ).\f*  \x + \xo 13:35 \xt زەب. 69‏:25؛ 118‏:26؛ يەش. 1‏:7؛ يەر. 7‏:34؛ مىك. 3‏:12؛ مات. 23‏:38؛ روس. 1‏:20. \x* \b \b \m \c 14 \s1 شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىش \m \v 1 ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى. \v 2 ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. \v 3 ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: \m ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 4 بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. \v 5 ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن يەنە: \m ــ ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقارمايدىغان زادى كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 14:5 \ft \+bd «ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئېشىكى» ئەمەس، بەلكى «بالىسى» دەپ ئوقۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 14:5 \xt مىس. 23‏:5؛ قان. 22‏:4؛ لۇقا 13‏:15. \x* \m \v 6 ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بېرەلمىدى. \b \m \s1 خۇدا كىمنى يۇقىرى قىلىدۇ؟ \m \v 7 ئەيسا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۆردىن ئورۇنلارنى قانداق تاللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: \m \v 8 ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا، \v 9 ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن. \f □ \fr 14:9 \ft \+bd «... پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسەن».\f* \v 10 لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھدا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ. \x + \xo 14:10 \xt پەند. 25‏:6، 7. \x* \v 11 چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.\x + \xo 14:11 \xt ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 1‏:51؛ 18‏:14؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5. \x* \b \m \s1 ھەقىقىي مېھماندوستلۇقنىڭ يولى \m \v 12 ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: \m ــ مېھماننى تاماققا ياكى زىياپەتكە چاقىرغىنىڭدا، دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭنى چاقىرمىغىن. چۈنكى ئۇلارمۇ سېنى مېھمانغا چاقىرىپ، مەرھەمىتىڭنى قايتۇرۇشى مۇمكىن. \x + \xo 14:12 \xt نەھ. 8‏:10؛ پەند. 3‏:28. \x* \v 13 شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن \v 14 ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ. \b \m \s1 كاتتا زىياپەت توغرىسىدىكى تەمسىل \r مات. 22‏:1-10 \m \v 15 ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: \m ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ــ دېدى.\f □ \fr 14:15 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا نان يېگۈچىلەر...».\f* \m \v 16 بىراق ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ بىر كىشى كاتتا زىياپەتكە تۇتۇش قىلىپ، نۇرغۇن مېھمانلارنى چاقىرىپ قويۇپتۇ. \x + \xo 14:16 \xt يەش. 25‏:6؛ مات. 22‏:2؛ ۋەھ. 19‏:7، 9. \x* \v 17 داستىخان سېلىنغان شۇ سائەتتە، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ. \v 18 بىراق، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بارماسلىققا بىر-بىرلەپ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. \f □ \fr 14:18 \ft \+bd «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن»\+bd* ــ كىم يەرنى ئاۋۋال ياخشى كۆرمەي سېتىۋالسۇن؟\f* \v 19 يەنە بىرى: «مەن بەش قوشلۇق ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. \f □ \fr 14:19 \ft \+bd «ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك»\+bd* ــ ياكى «ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك». «بەش قوشلۇق ئۆكۈز» ــ گرېك تىلىدا: «بەش بويۇنتۇرۇق ئۆكۈز». دېمەك، بويۇنتۇرۇققا قېتىلغاندا بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان بەش جۈپ ئۆكۈز. \fp ئەمدى كىم ئۆكۈزنى ئاۋۋال كۆرمەي سېتىۋالسۇن؟\f* \v 20 يەنە بىرسى: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ. \m \v 21 چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ. \v 22 ئاندىن چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، ئەمر بەرگىنىڭدەك ئادا قىلىندى، ۋە يەنە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. \v 23 شۇنىڭ بىلەن خوجايىن چاكارغا: ــ «ئۆيۈم مېھمانلارغا تولۇش ئۈچۈن يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادىمىڭنى زورلاپ ئېلىپ كەلگىن! \f □ \fr 14:23 \ft \+bd «يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ،...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «يېزىلاردىكى يوللاردىن ۋە چىتلىقلاردىن ئۆتۈڭلار،...» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، مېھمانلارنى ھەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن ئەكىلىش كېرەك.\f* \v 24 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى داستىخىنىمدىن تېتىمايدۇ»، دەپتۇ. \b \m \s1 مۇخلىس بولۇش شەرتلىرى \r مات. 10‏:37-38 \m \v 25 ئەمدى توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: \m \v 26 ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر \add ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن\add* ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. \f □ \fr 14:26 \ft \+bd «ماڭا ئەگەشكەنلەر ... ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يامان كۆرۈش» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مۇھەببەت خۇداغا باغلىغان مۇھەببەت ئالدىدا «يامان كۆرۈش»تەك كۆرۈنىدۇ. مىسال، «يار.» 30:29-31نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:26 \xt قان. 13‏:7؛ 33‏:9؛ مات. 10‏:37. \x* \v 27 كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس. \f □ \fr 14:27 \ft \+bd «كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس»\+bd* ــ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. «كرېستلىنىش» ئادەمنى قىينايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئۆلۈم جازا ئۇسۇلى بولۇپ، «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەننىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن: (1) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا، (2) تىل-ئاھانەت ئىشتىشكە، (3) خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، «ئۆز-ئۆزىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندەك» ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا تەييار بولۇش.\f*  \x + \xo 14:27 \xt مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23. \x* \v 28 ئاراڭلاردىن بىرسى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگۈدەك خىراجەت ئۆزۈمدە بارمۇ-يوق دەپ ھېساب قىلماسمۇ؟ \v 29‏-30 ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلنى سېلىپ پۈتكۈزەلمىسە، كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ: «بۇ ئادەم بىنانى باشلاپ قويۇپ پۈتكۈزەلمىدى» ــ دېمەي قالمايدۇ. \m \v 31 ياكى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقسا ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ: ــ مېنىڭ ئۈستۈمگە كېلىدىغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىگىسىگە مەن ئون مىڭ ئەسكىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالارمەنمۇ؟ دەپ مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! \f □ \fr 14:31 \ft \+bd «... مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! »\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... مەسلىھەت قىلمامدۇ؟».\f* \v 32 ئەگەر ئۇ «سوقۇشالمايمەن» دەپ ئويلىسا، دۈشمەن تېخى يىراقتىكى چاغدا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلھ شەرتلىرىنى سورايدۇ. \v 33 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم \add كۆڭلىدە\add* ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.\f □ \fr 14:33 \ft \+bd «شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.»\+bd* ــ بۇ كۈچلۈك سۆز توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 34 تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ \f □ \fr 14:34 \ft \+bd «تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟»\+bd* ــ تۇز بولسا (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك.\f*  \x + \xo 14:34 \xt مات. 5‏:13؛ مار. 9‏:50. \x* \v 35 ئۇ تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!\f □ \fr 14:35 \ft \+bd «ئۇ \+bd*\+bdit تۇز\+bdit* تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ» ــ مۇشۇ يەردىكى «تۇز» دېگەن تېما ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 15 \s1 يوقالغان قوي ۋە ياخشى پادىچى توغرىسىدىكى تەمسىل \r مات. 18‏:12-14 \m \v 1 ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى.\x + \xo 15:1 \xt مات. 9‏:10؛ مار. 2‏:15؛ لۇقا 5‏:29. \x* \v 2 لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ: \m ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى. \v 3 شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: \f □ \fr 15:3 \ft \+bd «شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى...»\+bd* ــ «مۇشۇ تەمسىل»: ــ \+bd بىر\+bd* تەمسىل، دېمەك. 15-بابتا ئۈچ تەمسىلدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈچ تەمسىل پەقەت بىرلا مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنى «بىرلا تەمسىل» دەپ قارايمىز.\f* \m \v 4 ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟ \v 5 ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛ \v 6 ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ. \v 7 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.\x + \xo 15:7 \xt لۇقا 5‏:32. \x* \b \m \s1 يىتتىرگەن تەڭگە توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 8 ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟\f □ \fr 15:8 \ft \+bd «بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ...»\+bd* ــ «كۈمۈش دىنار» بولسا گرېك تىلىدا «دراقما». «دراقما» بىر دىنارغا باراۋەر بولغان پۇل بىرلىكى.\f* \v 9 ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ. \v 10 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ. \f □ \fr 15:10 \ft \+bd «توۋا قىلىۋاتقان ...»\+bd* ــ توۋا قىلىش ئەمەلىيەتتە (مەيلى ناھايىتى قىسقا بولسۇن) بىر جەريان، ئەلۋەتتە. \+bd «خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا». بۇ ئىبارىدىن پۇرىتىلىدۇكى، خۇدا ئۆزى «تەڭگىسىنى تاپقان ئايال»دەك خۇرسەن بولىدۇ ۋە پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.\f* \b \m \s1 مېھىر-شەپقەتلىك ئاتا توغرىسىدىكى تەمسىل \m \v 11 ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: \m ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. \v 12 كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ.\f □ \fr 15:12 \ft \+bd «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇنداق تەلەپ ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. «قۆشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ»\+bd* ــ «ئۆز مال-مۈلۈكلىرى» گرېك ئىلىدا «ئۇنىڭ ھاياتىنى» ياكى «ئۇنىڭ تىرىكچىلىكىنى». \fp تەۋرات قانۇنى بويىچە تۇنجى ئوغلىغا تەقسىم قىلىنغان مىراس كەنجىسىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدۇ.\f* \v 13 ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. \f □ \fr 15:13 \ft \+bd «ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ»\+bd* ــ «ئۇزۇن ئۆتمەيلا» (گرېك تىلىدا «كۆپ كۈن ئۆتمەيلا») ــ كەنجى ئوغۇل تەلىپى تۈپەيلىدىن جەمىئىيەت ئالدىدا ئىنتايىن نەپرەتلىك بولاتتى.\f* \v 14 دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. \f □ \fr 15:15 \ft \+bd «...شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا ««...شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا قاتنىشىپتۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ چوشقىلارنىڭ ئىگىسى يەھۇدىي ئەمەس؛ بۇنداق خىزمەت يەھۇدىي يىگىتكە نىسبەتەن ئىنتايىن يىرگىنچلىك بولاتتى.\f* \v 16 ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ. \m \v 17 ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! \v 18 ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. \v 19 ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. \f □ \fr 15:20 \ft \+bd «ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئاتىنىڭ جەمىئىيەت ئالدىدا يۈگۈرۈشى، ۋە شۇنداقلا بۇنى ئاز دەپ ئوغلىنى قارشى ئېلىشقا يۈگۈرۈشى «مۆتىۋەر كىشىنىڭ سالاپىتىگە مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ قارىلاتتى. «قۆشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:20 \xt روس. 2‏:39؛ ئ‍ەف. 2‏:17،12. \x* \v 21 ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ. \v 22 بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ \v 23 ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! \v 24 چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ. \m \v 25 ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. \v 26 ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ. \m \v 27 چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. \v 28 لېكىن \add چوڭ ئوغلى\add* خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. \v 29 ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! \v 30 لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ. \f □ \fr 15:30 \ft \+bd «سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ يەۋەتكەن».\f* \v 31 بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر. \v 32 ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ دەپتۇ.\f □ \fr 15:32 \ft \+bd «ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى»\+bd* ــ 15-بابتىكى ئۈچ قىسىملىق تەمسىلنىڭ مول تەلىمى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 16 \s1 ئالدامچى غوجىدار توغرىسىدىكى تەمسىل ــ دۇنيادىكى بايلىقنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ \m \v 1 ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: \m ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. \v 2 ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب-كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ. \v 3 غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە: «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن. \v 4 ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ \v 5 ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ. \v 6 ۋە قەرزدار: «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.\f □ \fr 16:6 \ft \+bd «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بىر «تۇڭ» (گرېك تىلىدا «بات») 30 لېتر ئىدى. دېمەك، بۇ زەيتۇن مېيى 3000 لىتر بولۇپ شۇ چاغدىكى ئاددىي ئىشچىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەققى (1000 دىنار) بولاتتى. \+bd «غوجىدار ئۇنىڭغا: مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ»\+bd* ــ غوجىدار نېمە قىلدى؟ بەلكىم تۆت مۇمكىنچىلىكى بار: ــ (1) ئۇ قەرزدارنىڭ ھالىغا قاراپ قەرز مىقدارىنى كېمەيتىۋەتتى؛ (2) ئۇ ئۆسۈمىنى يوققا چىقىرىۋەتتى؛ (3) ئۇ ئۆزىنىڭ شېرىنكانىسى («كومىسسىئون»)نى ھېسابتىن چىقىرىۋەتتى؛ (4) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. رەببىمىز غوجىدارنى «سەمىمىيەتسىز» دەپ ئاتايدۇ (8-ئايەت). لېكىن ئۇنىڭ بۇ «سەمىمىيەتسىزلىكى» غوجىدارلىقىدىكى بۇرۇنقى ئىشلارنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى ھازىرقى ھەرىكەتلىرىنىمۇ؟ بىزنىڭچە، ئۇنىڭ قىلغىنىنى چوقۇم قەرزنىڭ مىقدارىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 7 ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە: «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «يۈز كۈرە بۇغداي»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بىر كۈرە (ئىبرانىي تىلىدا «كور» 390 لىترنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ چوڭ قەرز ئىدى ــ بەلكىم 30 توننا بۇغداي، ئاددىي ئىشچىنىڭ ئون يىللىق ھەققى (3000 دىنار) بولاتتى.\f* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر.\f □ \fr 16:8 \ft \+bd «بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر»\+bd* ــ «بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى» خۇدانى تونۇمايدىغان ئېتىقادسىز ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ؛ «نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى» خۇدانىڭ نۇرىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا «نۇردا ياشاۋاتقان» «خۇدانىڭ روھىدىن تۇغۇلغان» روھىي پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \fp بۇ تەمسىل توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 9 ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان \add كۈنىدە\add* شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ.\f □ \fr 16:9 \ft \+bd ««ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار»\+bd* ــ «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» گرېك تىلىدا «ناھەق ماممون». نېمىشقا «ناھەق» دەيدۇ؟ بىزنىڭچە (1) شەخسىي، يەنى خۇسۇسىي مال-دۇنيا، جۈملىدىن پۇلنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئادەمئاتىمىزنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر؛ (2) ئادەمدىكى كۆپىنچى مال-دۇنيا، بايلىقلار بولسا، خۇدادىن قورقمايدىغان گۇناھكارلارنىڭ قولىدىدۇر. بىز يەنىلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ قىزىق سۆز ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز. \+bd «شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان \+bd*\+bdit كۈنىدە\+bdit* شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ» ــ دېمەك، ئۆز بايلىقىڭلار بىلەن ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىڭلار؛ شۇ يول بىلەن ئۇلار سىلەرگە دوست بولىدۇ ۋە پانىي دۇنيادىن كەتكىنىڭلاردا ئۇلار باقىي دۇنيادا سىلەرنى قارشى ئېلىشقا كۈتىدىغان بولىدۇ.\f*  \x + \xo 16:9 \xt مات. 6‏:19؛ 19‏:21؛ 1تىم. 6‏:19. \x* \m \v 10 كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ. \f □ \fr 16:10 \ft \+bd «كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «كىمكى كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ».\f* \v 11 شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟ \f □ \fr 16:11 \ft \+bd ««ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟»\+bd* ــ دېمەك، بۇ ئالەمدىكى مال-دۇنيا بولسا خۇدا ئالدىدا «كىچىككىنە بىر ئىش» (10-ئايەتنى كۈرۈڭ)، خالاس.\f* \v 12 ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟\f □ \fr 16:12 \ft \+bd «ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟»\+bd* ــ بۇ جۈملە توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 13 ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. \add شۇنىڭغا ئوخشاش\add*، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.\x + \xo 16:13 \xt مات. 6‏:24. \x* \m \v 14 ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. \f □ \fr 16:14 \ft \+bd «ئەمدى پەرىسىيلەر ... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى»\+bd* ــ نېمىشقا پەرىسىيلەر ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە، خۇدانى خۇرسەن قىلغان، شۇنداقلا خۇدا بەرىكەتلىگەن ئادەمنىڭ جەزمەن كۆپ بايلىقى بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇلارغا تۆۋەندىكى (19:16-31-ئايەتتىكى) تارىخنى ئېيتىپ بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 16:14 \xt مات. 23‏:14. \x* \v 15 ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.\x + \xo 16:15 \xt 1سام. 16‏:7؛ زەب. 7‏:9\x* \m \v 16 تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى \add چۆمۈلدۈرگۈچى\add* يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ \add پادىشاھلىققا\add* كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر. \f □ \fr 16:16 \ft \+bd «پادىشاھلىققا كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەربىر كىشىگە ئۇنىڭغا كىرىشكە قەتئىي دەۋەت قىلىنماقتا». بىزنىڭچە بۇ 16-17-ئايەتلەر، شۇنداقلا «مات.» 12:11-14-ئايەتلەر ۋە «مىك.» 12:2-13-ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «مىكاھ»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:16 \xt مات. 11‏:12،13. \x* \v 17 لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر.\f □ \fr 16:17 \ft \+bd «لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز بولسا «لېكىن ئاسمان بىلەن يەرنىڭ يوقالمىقى تەۋراتتىن بىر چېكىتنىڭ چۈشمىكىدىن ئاساندۇر». «چېكىت» ئىبرانىي تىلىدىكى ئەڭ كىچىك تىنىش بەلگە (.). \fp تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھياغىچە»لا ئىسرائىلغا يېتەكچى بولغان بىلەن ھازىرمۇ يەنىلا «ئىناۋەتسىز» ئەمەس. \fp تەۋراتتىكى بارلىق بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەۋراتتىكى بارلىق «ھەققانىي تەلەپلەر» ئىنجىلدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن يەنىلا سۆيۈنىدىغان خۇشلۇقتۇر. تۆۋەندىكى 18-ئايەتتىكى تەلەپ، مەسىلەن، تەۋراتتىكى بىۋاسىتە تەلەپ بولمىسىمۇ، تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن پرىنسىپلار مۇشۇ ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «مار.» 1:10-12نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 16:17 \xt زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 40‏:8؛ 51‏:6؛ مات. 5‏:18. \x* \m \v 18 ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ». \x + \xo 16:18 \xt مات. 5‏:32؛ 19‏:9؛ مار. 10‏:11؛ 1كور. 7‏:10. \x* \b \m \s1 باي بىلەن تىلەمچى لازارۇس \m \v 19 ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى. \v 20 ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا \add ھەركۈنى\add* ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى. \v 21 ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى.\f □ \fr 16:21 \ft \+bd «ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى»\+bd* ــ لازارۇس ھېچنېمە يېمىگىنى بىلەن، لېكىن ئىتلار ئۇنىڭدىن ئازراق يەم ئالاتتى. ئۇلارنىڭ لازارۇسقا تېگىشى بىلەن ئۇ «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى.\f* \m \v 22 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛ \v 23 ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: \v 24 «ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى. \m \v 25 لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن. \x + \xo 16:25 \xt ئايۇپ 21‏:13. \x* \v 26 ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس». \m \v 27 ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن \add لازارۇسنى\add* ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. \v 28 چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن \add لازارۇس\add* ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى. \m \v 29 بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە \add باشقا\add* پەيغەمبەرلەرنىڭ \add ئاگاھ-گۇۋاھلىقى\add* بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى.\x + \xo 16:29 \xt يەش. 8‏:20؛ 34‏:16؛ يـۇھ. 5‏:39؛ روس. 17‏:11. \x* \m \v 30 لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى. \m \v 31 ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە \add باشقا\add* پەيغەمبەرلەرنىڭ \add گۇۋاھلىقىنى\add* ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 16:31 \ft \+bd «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆز ھەم بىز ئوقۇرمەنلەرگە كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ سۆزدىن كېيىن مەسىھ باشقا بىر لازارۇسنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى («يۇھ.» 11-باب). ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان قانچە ئادەم چىقتى؟\f* \b \b \m \c 17 \s1 گۇناھ، كەچۈرۈم، ئېتىقاد ۋە خىزمەت توغرىسىدا \r مات. 18‏:6-7، 21-22؛ مار. 9‏:42 \m \v 1 ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: \m ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!\f □ \fr 17:1 \ft \+bd «ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 17:1 \xt مات. 18‏:7؛ مار. 9‏:42. \x* \v 2 بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى \add گۇناھقا\add* پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.\f □ \fr 17:2 \ft \+bd «بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى \+bd*\+bdit گۇناھقا\+bdit* پۇتلاشتۇرغان بولسا...» ــ «\+bd بۇ\+bd* كىچىك بالىلاردىن بىرى» (گرېك تىلىدا «\+bd بۇ\+bd* كىچىكلەردىن بىرى») ــ دېمەك، ئۆز ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ئاددىي خالايىقنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن.\x + \xo 17:3 \xt لاۋ. 19‏:17؛ پەند. 17‏:10؛ مات. 18‏:15؛ ياق. 5‏:19. \x* \v 4 مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن. \x + \xo 17:4 \xt مات. 18‏:21. \x* \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 17:5 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى»\+bd* ــ بۇرادىرىنى ھەركۈندە يەتتە قېتىم ئوخشاش گۇناھ ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىش كۈچلۈك بولغان ئېتىقادنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە!\f* \m \v 6 ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.\x + \xo 17:6 \xt مات. 17‏:20؛ 21‏:21؛ مار. 11‏:23. \x* \b \m \s1 ھەقىقىي قۇلنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 7 لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟ \v 8 ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟ \v 9 قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ. \v 10 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئون ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى \m \v 11 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، \v 12 بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، \f □ \fr 17:12 \ft \+bd «بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ...»\+bd* ــ نېمىشقا «يىراقتا توختاپ...»؟ ماخاۋ كېسىلىگە گرىپتار بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە ئادەملەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايتتى («لاۋ.» 45:13-46، «چۆل.» 2:5-3نى كۆرۈڭ).\f* \v 13 ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. \v 14 ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، \add ماخاۋدىن\add* پاكلاندى.\f □ \fr 17:14 \ft \+bd «...ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار»\+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى «ساق، ياكى ساق ئەمەس» دەپ تەكشۈرتۈپ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى؛ ئاندىن قايتىدىن جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايتتى («لاۋ.» ،19:13، 1:14-11، «لۇقا» 14:5نى كۆرۈڭ). دېمىسەكمۇ، مەسىھ كەلگۈچە بۇنداق مۇراسىم بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان.\f*  \x + \xo 17:14 \xt لاۋ. 13‏:2؛ 14‏:2؛ مات. 8‏:4؛ لۇقا 5‏:14. \x* \m \v 15 ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى. \v 16 ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. \f □ \fr 17:16 \ft \+bd «ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى»\+bd* ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرنى «يېرىم كاپىر» دەپ يامان كۆرەتتى.\f* \v 17 ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ \v 18 بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى. \f □ \fr 17:18 \ft \+bd «بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟!»\+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ خەلقى بولغان يەھۇدىيلاردىن ھېچكىم رەھمەت ئېيتىشقا قايتمىدى.\f* \v 19 ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى.\f □ \fr 17:19 \ft \+bd «ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!»\+bd* ــ بىز شۇنى بايقايمىزكى، (1) ئۇ (باشقا توققۇزىغا ئوخشاش) مەسىھنىڭ سۆزىگە كىرىپ يولغا چىققانىدى؛ بۇ ئۆز ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن ھەرىكەتتۇر؛ (2) گەرچە كېسەلنى ساقايتقۇچى \+bd مەسىھنىڭ ئۆزى\+bd* بولغىنى بىلەن، ئۇ دائىم ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئېتىقادىنى (بار بولسا) ماختاپ ئۇلارنى شۇ يول بىلەن رىغبەتلەندۈرەتتى ــ «\+bd سېنىڭ ئېتىقادىڭ\+bd* سېنى ساقايتتى!».\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى \r مات. 24‏:23-28، 37-41 \m \v 20 \add بىر كۈنى\add* پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛ \f □ \fr 17:20 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس»\+bd* ــ مەنىسى، بەلكىم، ئۇنىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالامەتلەر بىلەن بولمايدۇ. مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە پادىشاھلىق ھەممە ئادەمگە روشەن بولىدۇ (24-ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ لېكىن شۇ ۋاقىتقىچە «كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس» ــ پەقەت ئېتىقاد ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ تېما ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 21 كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر.\f □ \fr 17:21 \ft \+bd «مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر»\+bd* ــ «ئاراڭلاردىدۇر» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىچىڭلاردىدۇر» ياكى «دىلىڭلاردىدۇر». لېكىن بىزنىڭچە مەسىھ پۇلپەرەس، تەكەببۇر پەرىسىيلەرگە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردە» دەپ ھەرگىز دېمەيتتى. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 17:21 \xt مات. 24‏:23؛ مار. 13‏:21؛ لۇقا 21‏:7، 8. \x* \b \m \s1 ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى \m \v 22 كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. \f □ \fr 17:22 \ft \+bd «ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنى»\+bd* ــ دېمەك، ئىنسانئوغلى (مەسىھ) دۇنياغا قايتىپ كېلىپ ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى.\f* \v 23 شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. \f □ \fr 17:23 \ft \+bd «شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ»\+bd* ــ «ئۇ» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 17:23 \xt مات. 24‏:23؛ مار. 13‏:21. \x* \v 24 چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. \f □ \fr 17:24 \ft \+bd «گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك»\+bd* ــ ياكى «گويا چاقماق چېقىپ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك».\f* \v 25 لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر.\f □ \fr 17:25 \ft \+bd « \+bd*\+bdit ئىنسانئوغلى\+bdit* ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر» ــ بۇ دەۋر بولسا ئۆز خەلقىنىڭ شۇ دەۋرى.\f*  \x + \xo 17:25 \xt مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:6، 7\x* \m \v 26 ۋە نۇھ \add پەيغەمبەرنىڭ\add* كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. \x + \xo 17:26 \xt يار. 6‏:2؛ 7‏:7؛ مات. 24‏:37،38؛ 1پېت. 3‏:20. \x* \v 27 تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. \v 28 ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. \f □ \fr 17:28 \ft \+bd «\+bd*\+bdit ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە\+bdit* ... لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ» ــ «لۇت» ــ ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ جىيەنى. بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا «يار.» 18-19-بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 29 لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، \add بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ\add* ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. \x + \xo 17:29 \xt يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ يەھ. 7. \x* \v 30 ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ. \m \v 31 شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا \add ئۆيىگە\add* ھېچ يانمىسۇن. \f □ \fr 17:31 \ft \+bd «شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن»\+bd* ــ بۈگۈنگە قەدەر قانائان (پەلەستىن)دىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىنىڭ سىرتقى پەلەمپېيى بار، ئۆيىگە چۈشمەي قاچقىلى بولىدۇ. \+bd «ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا ئۆيىگە ھېچ يانمىسۇن»\+bd* ــ دېمەك، شۇ كۈنىدە خۇدانىڭ جازاسى شۇنچە تېز كېلىدۇكى، ئېتىقادى بار ھەربىرى كەينىگە ھېچ قارىمايلا، بەدەر قېچىشى كېرەك بولىدۇ. 32-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 32 لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار! \f □ \fr 17:32 \ft \+bd «لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنى جازالىغان كۈنىدە، لۇت ۋە ئائىلىسىدىكىلەر قاچقاندا، ئۇنىڭ ئايالى ئۆتكەنكى راھەتلىك تۇرمۇشىنى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاشقا كۆزى قىيماي كەينىگە قارىغانىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالغان.\f*  \x + \xo 17:32 \xt يار. 19‏:15-17، 26. \x* \v 33 كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.\x + \xo 17:33 \xt مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ يـۇھ. 12‏:25. \x* \m \v 34 سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. \x + \xo 17:34 \xt مات. 24‏:40،41؛ 1تېس. 4‏:17. \x* \v 35‏-36 ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ».\f □ \fr 17:35‏-36 \ft \+bd «ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ پىكرىمىزچە «ئېلىپ كېتىلىدىغانلار» ھەققانىيلاردۇر؛ ئېتىقادسىزلار «قالدۇرۇلىدۇ». مەسىلەن، «مات.» 31:24، «1تېس.» 1:4-11نى كۆرۈڭ. نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇنىڭدەك لۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خۇدانىڭ جازاسى ئالدىدىن «ئېلىپ كېتىلىپ» قۇتۇلغان، بىراق قالدۇرۇلغانلار ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن جازاغا ئۇچرىغان. \fp \fp بەزى كونا كۆچۈرمىلەردىكى «ئېتىزدا ئىككى كىشى بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزمۇ مۇشۇ يەردە تېپىلىدۇ. «مات.» 40:24نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 37 ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!\f □ \fr 17:37 \ft \+bd «جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!»\+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم: قۇزغۇنلارنىڭ توپلىنىشى جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، بۇ ئالامەتلەر مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ تېز ئارىدا يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى يەنە تەۋرات، «ئايۇپ» 26:39-30 ۋە «يەش.» 1:34-8، 15-17-قاتارلىق ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن، «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە بولغان زور قىرغىنچىلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 17:37 \xt ئايۇپ 39‏:30؛ مات. 24‏:28. \x* \b \b \m \c 18 \s1 خۇدا ئۆز بەندىلىرىنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ دەردىگە يېتىدۇ \m \v 1 ۋە ئۇ ئۇلارغا، بوشاشماي، ھەردائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: \x + \xo 18:1 \xt رىم. 12‏:12؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:17. \x* \m \v 2 ــ «مەلۇم شەھەردە بىر سوتچى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. \v 3 شۇ شەھەردە بىر تۇل ئايال بار ئىكەن ۋە ئۇ دائىم سوتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەيىبكاردىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن. \m \v 4 ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى رەت قىپتۇ؛ بىراق كېيىن كۆڭلىدە: خۇدادىنمۇ قورقمايمەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايمەن، \v 5 لېكىن بۇ تۇل خوتۇن مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرھالدا ئۇنىڭ دەۋايىنى سوراپ قوياي!» ــ دەپ ئويلاپتۇ». \m \v 6 رەب: قاراڭلار، ئادالەتسىز بۇ سوتچىنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە! \v 7 ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە \add رەزىللىككە\add* ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟\f □ \fr 18:7 \ft \+bd «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟»\+bd* ــ «دەردىگە يەتمەس» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە يەنە «ھەققىنى بەرمەس» ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزمەس»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. \fp «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ شەرھىمىزچە، بۇ جۈملىدىكى «رەزىللىك» مۇشۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە بارلىق تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردە ھەمدەرد بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ (ئۇلاردىن ئارتۇقراق، ئەلۋەتتە!) مۇشۇ دۇنيادىكى رەزىللىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ. خۇدانىڭ رەزىللىككە كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋر-تاقىتىنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ تېما ئۈستىدە «كول.» 24:1، «فىل.» 10:3، «ئەف.» 13:3نى ۋە بۇ يازمىلاردىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىدىن «ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى بەك كېچىكتۈرەرمۇ؟» دېگەنلەر بار.\f*  \x + \xo 18:7 \xt ۋەھ. 6‏:10. \x* \v 8 مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 18:8 \ft \+bd «لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنى دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇئالارغا ئىجابەت قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنچە كۆپ ۋەدە قىلغان يەردە، نېمىشقا ئىمان-ئىشەنچ ئاز بولىدۇ؟ لېكىن دەرۋەقە ئاز بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 پەرىسىي بىلەن باجگىر \m \v 9 ئۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ قاراپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بەزىلەرگە قارىتىپ، مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتتى: \m \v 10 ــ ئىككى ئادەم دۇئا قىلغىلى ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. \v 11 پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر! \x + \xo 18:11 \xt يەش. 1‏:15؛ 58‏:2؛ ۋەھ. 3‏:17،18. \x* \v 12 ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن». \m \v 13 بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ دەپتۇ.\f □ \fr 18:13 \ft \+bd «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!»\+bd* ــ «مۇشۇ گۇناھكار» گرېك تىلىدا «دۇنيادا بىردىنبىر گۇناھكار» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ.\f* \m \v 14 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن \add پەرىسىي\add* ئەمەس، بەلكى \add باجگىر\add* كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر.\f □ \fr 18:14 \ft \+bd «...باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ»\+bd* ــ «كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ» گرېك تىلىدا «ھەققانىي قىلىنىپ» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 18:14 \xt ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى \r مات. 19‏:13-15؛ مار. 10‏:13-16 \m \v 15 ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. \x + \xo 18:15 \xt مات. 19‏:13؛ مار. 10‏:13. \x* \v 16 ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ: كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر. \x + \xo 18:16 \xt مات. 18‏:3؛ 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2. \x* \v 17 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى: كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى. \b \m \s1 بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس \r مات. 19‏:16-30؛ مار. 10‏:17-31 \m \v 18 مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن: ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 18:18 \ft \+bd «مەلۇم بىر ھۆكۈمدار»\+bd* ــ «ھۆكۈمدار» ــ رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەھۇدىي «ھاكىم». \+bd «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 18:18 \xt مات. 19‏:16؛ مار. 10‏:17. \x* \m \v 19 لېكىن ئەيسا: مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى دەيسەن؟ ياخشى بولغۇچى پەقەت بىرلا، يەنى خۇدادۇر. \v 20 ئەمرلەرنى بىلىسەن: ــ «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ دېدى.\x + \xo 18:20 \xt مىس. 20‏:12-16؛ قان. 5‏:17-20؛ رىم. 13‏:9؛ ئ‍ەف. 6‏:2؛ كول. 3‏:20. \x* \m \v 21 ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ. \m \v 22 ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. پۈتكۈل مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.\x + \xo 18:22 \xt مات. 6‏:19؛ 19‏:21؛ 1تىم. 6‏:19. \x* \m \v 23 ئەمما ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. \v 24 تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! \x + \xo 18:24 \xt پەند. 11‏:28؛ مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23. \x* \v 25 تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. \m \v 26 بۇنى ئاڭلىغانلار: ــ ئۇنداق بولسا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى. \m \v 27 ئەمما ئۇ جاۋابەن: ــ ئىنسانلارغا مۇمكىن بولمىغان ئىشلار خۇداغا مۇمكىندۇر ــ دېدى. \x + \xo 18:27 \xt ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ لۇقا 1‏:37. \x* \m \v 28 ئەمدى پېترۇس: ــ مانا، بىز بار-يوقىمىزنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېدى.\x + \xo 18:28 \xt مات. 4‏:20؛ 19‏:27؛ مار. 10‏:28؛ لۇقا 5‏:11. \x* \m \v 29 ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆي-ۋاق يا ئاتا-ئانىسى يا قېرىنداشلىرى يا ئايالى يا بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرى \x + \xo 18:29 \xt قان. 33‏:9. \x* \v 30 بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ــ دېدى.\x + \xo 18:30 \xt ئايۇپ 42‏:12. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىن ئېيتىشى \r مات. 20‏:17-19؛ مار. 10‏:32-34 \m \v 31 ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى \add شۇ يەردە\add* ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. \x + \xo 18:31 \xt زەب. 22؛ يەش. 53‏:7؛ مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:17؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:32؛ لۇقا 9‏:22؛ 24‏:7. \x* \v 32 چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ \f □ \fr 18:32 \ft \+bd « \+bd*\+bdit ئىنسانئوغلى\+bdit* يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ» ــ «تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەننىڭ «ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ» دېگەن ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار.\f*  \x + \xo 18:32 \xt مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28؛ روس. 3‏:13. \x* \v 33 ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى. \m \v 34 بىراق ئۇلار بۇ سۆزلەردىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئېيتقىنىنى بىلەلمەي قالدى.\f □ \fr 18:34 \ft \+bd «بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ...»\+bd* ــ كىمنىڭ تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىق ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بۇ قېتىم سۆزنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى قېتىمدىكى سۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدى (45:9). بىزنىڭچە يوشۇرغۇچى شەيتان، لېكىن خۇدا شەيتاننىڭ ئالدىشىغا يول قويۇشى بىلەن، ئۇلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارقىلىق ئۆز شان-شەرىپىنى تېخىمۇ روشەن قىلماقچى بولدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ قارىغۇ تىلەمچىنى ساقايتىشى \r مات. 20‏:29-34؛ مار. 10‏:46-52 \m \v 35 ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. \f □ \fr 18:35 \ft \+bd «يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا»\+bd* ــ ماتتا بۇ ۋەقەنى بايان قىلغاندا («مات.» 29:20) «يېرىخودىن چىققاندا» دەيدى. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىككى «يېرىخو شەھىرى» بار ئىدى، خۇددى قەشقەردىكى «يېڭى شەھەر» ۋە «كونا شەھەر»لەردەك.\f*  \x + \xo 18:35 \xt مات. 20‏:29؛ مار. 10‏:46. \x* \v 36 ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ــ نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \v 37 خەق ئۇنىڭغا: \m ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ــ دەپ خەۋەر بەردى. \m \v 38 ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.\f □ \fr 18:38 \ft \+bd «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا،...»\+bd* ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولاتتى).\f* \m \v 39 ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. \m \v 40 ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: \v 41 ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى ئۇ. \m \v 42 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېدى. \m \v 43 ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. \b \b \m \c 19 \s1 ئەيسا بىلەن زاكاي \m \v 1 ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. \v 2 مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى.\f □ \fr 19:2 \ft \+bd «شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «زاكاي» گرېك تىلىدا «زاكېئۇس» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.\f* \v 3 ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى. \v 4 شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى. \v 5 ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى. \m \v 6 ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى \add ئۆيىدە\add* مېھمان قىلدى. \v 7 بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.\f □ \fr 19:7 \ft \+bd «بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى»\+bd* ــ خالايىقنىڭ نارازى بولۇپ ھەيران قالغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى باجگىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدامچى، «باش باجگىر» تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 8 لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى. \m \v 9 بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا \add قاراپ\add*: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر! \f □ \fr 19:9 \ft \+bd «بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى»\+bd* ــ «يەش.» 13:46؛ 5:51، 6؛ 1:56نى كۆرۈڭ. \+bd «چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر!»\+bd* ــ «ئىبراھىمنىڭ بىر ئوغلىدۇر» مۇشۇ يەردە دېگەن مەنىسى، ئۇ ئېتىقاد يولىدا ئىبراھىمغا «پەرزەنت بولغان»، روھىي جەھەتتە ئىبراھىمنى ئۈلگە قىلىپ ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشكەن.\f*  \x + \xo 19:9 \xt لۇقا 13‏:16. \x* \v 10 چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى.\x + \xo 19:10 \xt مات. 10‏:6؛ 15‏:24؛ 18‏:11؛ روس. 13‏:46. \x* \b \m \s1 ساداقەتلىك بولۇشنىڭ لازىملىقى \r مات. 25‏:14-30 \m \v 11 خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى. \f □ \fr 19:11 \ft \+bd « \+bd*\+bdit خالايىق\+bdit*: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى» ــ خالايىق (1) ئەيسانىڭ ياراتقان كۆپ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ كەلگەنىدى؛ (2) يەھۇدىي رەھبەرلەر ۋە چوڭلىرىنىڭ ئەيساغا قارشى چىققانلىقىنى بىلەتتى؛ (3) شۇڭا ئۇلار: ئۇ يېرۇسالېمغا يېتىپ بارغاندا چوقۇم بۇ روھىي دۈشمەنلەرنى، شۇنداقلا «ۋەتەنىمىزنى ئىشغال قىلغان رىم ئىمپېرىيەسىدىكى رەزىل كاپىرلار»نى يوقىتىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 12 شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. \x + \xo 19:12 \xt مات. 25‏:14؛ مار. 13‏:34. \x* \v 13 \add ئاۋۋال\add* ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە \add بۇنىڭ بىلەن\add* ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ. \f □ \fr 19:13 \ft \+bd «... ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ...»\+bd* ــ «تىللا» گرېك تىلىدا «مىنا». بۇ پۇل بىر ئىشچىنىڭ ئۈچ-تۆت ئايلىق ھەققىگە باراۋەر ئىدى.\f* \v 14 بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ.\f □ \fr 19:14 \ft \+bd «بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ»\+bd* ــ بۇ تەمسىلدىكى پادىشاھ «بۈيۈك ھېرود»قا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ «بۈيۈك ھېرود» مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 40-يىلىدا يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن رىمغا باردى؛ لېكىن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا قارشى چىققاچقا، پەقەت 37-يىلىدا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى «ھېرود ئارقېلائۇس»نىڭ تارىخىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.\f* \m \v 15 ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ. \v 16 ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. \v 17 «يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا. \v 18 ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. \v 19 خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ. \m \v 20 لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم. \v 21 چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ.\f □ \fr 19:21 \ft \+bd «سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ،...»\+bd* ــ «ئامانەت قىلىش» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا ئادەتتە پۇلنى بانكىغا سالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلى سالمىغانلىرىنى يىغىپ ئېلىپ،...».\f* \m \v 22 ئەمما \add خوجايىنى\add* ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، \x + \xo 19:22 \xt 2سام. 1‏:16؛ مات. 12‏:37. \x* \v 23 نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ. \v 24 ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ. \v 25 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن، \v 26 \add ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ\add*: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.\f □ \fr 19:26 \ft \+bd «كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ...»\+bd* ــ «بۇ ئەھمىيەتلىك سۆز «مات.» 12:13، 29:25 ۋە «مار.» 25:4دىمۇ تېپىلىدۇ. بۇ «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ چوقۇم ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەربىرنېمە بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مەسىھدىنلا تاپالايمىز، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 19:26 \xt مات. 13‏:12؛ 25‏:29؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 8‏:18. \x* \v 27 ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار». \b \m \s1 ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى \r مات. 21‏:1-11؛ مار. 11‏:1-11؛ يـۇھ. 12‏:12-19 \m \v 28 ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. \f □ \fr 19:28 \ft \+bd «ئۇ... ئالدىغا قاراپ ماڭدى»\+bd* ــ ياكى «مۇخلىسلار ئالدىدا ماڭدى» ياكى «توپنىڭ ئالدىدا ماڭدى».\f* \v 29 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: \x + \xo 19:29 \xt مات. 21‏:1؛ مار. 11‏:1. \x* \m \v 30 ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. \f □ \fr 19:30 \ft \+bd «...ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر»\+bd* ــ «ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان بىر تەخەي»گە ئاۋارىسىز مىنىش ئادەتتە مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.\f* \v 31 ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار. \m \v 32 شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى. \v 33 ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 34 ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى. \m \v 35 ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى. \x + \xo 19:35 \xt يـۇھ. 12‏:14. \x* \v 36 ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. \v 37‏-38 ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.\f □ \fr 19:37‏-38 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر!»\+bd* ــ «زەب.» 38:118. \+bd ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنى «لۇقا» 14:2دىكى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. «ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق بولغاي» دېگەن سۆز ئىنتايىن سىرلىق گەپتۇر: پىكرىمىزچە، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم: ــ (1) خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن ياراشتۇرۇلغانلىقىدىن چىققان ئىناقلىق \+bd ئەرشتە\+bd* بىلىنىدۇ («ئەف.» 1:2-6، 14نى كۆرۈڭ)؛ (2) مەسىھنىڭ ئۆلۈمى بىلەن شەيتاننىڭ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ نامىنى ھاقارەتلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن يالغان ئەرز-شىكايەت قىلىش يولى مۇتلەق تۈگىتىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 6:1-12، 1:2-6، «ئىبر.» 23:9نى كۆرۈڭ). \+bd «پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ... ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى»\+bd* ــ ئۇلار جاكارلايدىغان ئىش ــ بىز ئەگەشكەن بۇ ناسارەتلىك ئەيسا دەل خۇدا ئەۋەتكەن مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى، يەھۇدىيلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈن جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈننى، خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا ئوچۇق ھالدا: «ئۇ، مانا مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىڭلار ۋە پادىشاھىڭلاردۇر ــ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ ئېتىقاد قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن كۈن دېيىشكە بولىدۇ.\f*  \x + \xo 19:37‏-38 \xt زەب. 118‏:26؛ لۇقا 2‏:14؛ ئ‍ەف. 2‏:14. \x* \m \v 39 لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا \add مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن\add* تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى. \m \v 40 بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى.\x + \xo 19:40 \xt ھاب. 2‏:11. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قايغۇرۇپ يىغلىشى \m \v 41 ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى: \m \v 42 ــ \add ئى يېرۇسالېم\add*! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر. \v 43 چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ. \v 44 ئۇلار سېنى ۋە \add سېپىلىڭ\add*نىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى \add خۇدا\add*نىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ.\f □ \fr 19:44 \ft \+bd «خۇدانىڭ سېنى يوقلىغان پەيتى»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا يېقىن كېلىپ شاپائەت كۆرسەتكەن پەيت. مۇشۇ ئايەتلەردە مەسىھ رىملىقلارنىڭ مىلادىيە -70يىلى يېرۇسالېمنى قورشىۋېلىپ ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بېشارەت بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 19:44 \xt 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ مات. 24‏:1، 2؛ مار. 13‏:2؛ لۇقا 21‏:6. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تازىلىشى \r مات. 21‏:12-17؛ مار. 11‏:15-19؛ يـۇھ. 2‏:13-22 \m \v 45 ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، \v 46 ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى.\f □ \fr 19:46 \ft \+bd «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى»\+bd* ــ «يەش.» 7:56، «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 19:46 \xt 1پاد. 8‏:29؛ يەش. 56‏:7؛ يەر. 7‏:11؛ مات. 21‏:13؛ مار. 11‏:17. \x* \m \v 47 شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى. \x + \xo 19:47 \xt مار. 11‏:18؛ يـۇھ. 7‏:19؛ 8‏:37. \x* \v 48 لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى. \b \b \m \c 20 \s1 ئاسماندىكى ھوقۇق \r مات. 21‏:23-27؛ مار. 11‏:27-33 \m \v 1 ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن:\x + \xo 20:1 \xt مات. 21‏:23؛ مار. 11‏:27؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:27. \x* \v 2 ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 3 ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ، \v 4 ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 5 ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: \m ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن \add يەھياغا\add* ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.\f □ \fr 20:5 \ft \+bd «ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟»\+bd* ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى، ئەلۋەتتە.\f* \v 6 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى. \m \v 7 ۋە ئۇلار: ــ \add ئۇنىڭ\add* \add ھوقۇقىنىڭ\add* قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. \m \v 8 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى. \b \m \s1 رەزىل ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل \r مات. 21‏:33-46؛ مار. 12‏:1-12 \m \v 9 ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. \x + \xo 20:9 \xt زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مات. 21‏:33؛ مار. 12‏:1. \x* \v 10 ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ. \m \v 11 ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. \v 12 ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. \v 13 \add ئاخىردا\add* ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. \v 14 بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. \x + \xo 20:14 \xt يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:1، 8؛ مات. 26‏:3؛ 27‏:1؛ يـۇھ. 11‏:53؛ ئىبر. 1‏:2. \x* \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ \f □ \fr 20:15 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ»\+bd* ــ بۇ مەسىھنىڭ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كرېستكە مىخلىنىدىغانلىقىغا بىر بېشارەت.\f* \v 16 ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». \m خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 20:16 \ft \+bd « \+bd*\+bdit ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى\+bdit* كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ» ــ بۇ سۆزمۇ بېشارەت، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: \m ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، \m بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟\f □ \fr 20:17 \ft \+bd «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى»\+bd* ــ «زەب.» 22:118. «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار ھاياتىنىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى.\f*  \x + \xo 20:17 \xt زەب. 118‏:22؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ مار. 12‏:10؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:4، 7. \x* \m \v 18 بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.\f □ \fr 20:18 \ft \+bd «بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ»\+bd* ــ «تاش» بولسا مەسىھ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «ماتتا»غا بېرىلىگەن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى ««زەب.» 22:118 توغرۇلۇق» مەزمۇننى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:18 \xt يەش. 8‏:15؛ دان. 2‏:34؛ زەك. 12‏:3. \x* \b \m \s1 «باج تاپشۇرامدۇق؟» دېگەن قىلتاق \r مات. 22‏:15-22؛ مار. 12‏:13-17 \m \v 19 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى. \v 20 شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى \add رىم\add* ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. \f □ \fr 20:20 \ft \+bd «ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،...»\+bd* ــ «سەمىمىي» گرېك تىلىدا «ھەققانىي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 20:20 \xt مات. 22‏:16؛ مار. 12‏:13. \x* \v 21 ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى \add قەتئىي\add* قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز. \v 22 \add رىم ئىمپېراتورى\add* قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟».\f □ \fr 20:22 \ft \+bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...»\+bd* ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. \+bd «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟»\+bd* ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.\f* \m \v 23 ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ \f □ \fr 20:23 \ft \+bd «نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.\f* \v 24 ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى.\f □ \fr 20:24 \ft \+bd «ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار»\+bd* ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس»، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇل بىرلىكى. مۇشۇنداق پۇلنىڭ يۈزىدە «ئادەمنىڭ سۈرىتى» كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، يەھۇدىي موللىلار مۇنداق پۇلنى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»غا ئېلىپ كىرىشىنى مەنئى قىلغانىدى. \fp بىر دىنار تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى بولاتتى.\f* \m \v 25 ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. \f □ \fr 20:25 \ft \+bd «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار»\+bd* ــ قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى بولغان نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار ــ دېمەك، باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولۇپ، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 20:25 \xt مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ رىم. 13‏:7. \x* \v 26 ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. \b \m \s1 تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە \r مات. 22‏:23-33؛ مار. 12‏:18-27 \m \v 27 ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى:\f □ \fr 20:27 \ft \+bd «سادۇقىيلار»\+bd* ــ بۇ دىنىي مەزھەپ توغرۇلۇق «مات.» 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:27 \xt مات. 22‏:23؛ مار. 12‏:18؛ روس. 23‏:8. \x* \m \v 28 ــ ئۇستاز، مۇسا \add پەيغەمبەر تەۋراتتا\add* بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان.\f □ \fr 20:28 \ft \+bd «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك»\+bd* ــ «قان.» 5:25.\f*  \x + \xo 20:28 \xt قان. 25‏:5-6. \x* \m \v 29 ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. \v 30 ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. \f □ \fr 20:30 \ft \+bd «ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى» دېگەن سۆز تېپىلماي، پەقەت «ئىككىنچى...» دېيىلىدۇ.\f* \v 31 ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. \v 32 ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى. \m \v 33 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟! \m \v 34 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. \f □ \fr 20:34 \ft \+bd «بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇ زاماننىڭ ئوغۇللىرى...».\f* \v 35 لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. \f □ \fr 20:35 \ft \+bd «ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار...»\+bd* ــ «ئۆلگەنلەردىن تىرىلىش» دېگەنلىك قىزىق ئىبارە بولۇپ، ھەممە ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا تىرىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى تىرىلىش ھەققانىيلارنىڭكى، ئىككىنچى تىرىلىش ئېتىقادسىزلارنىڭكى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەت «ۋەھىي» 20-بابتا كۆرۈنىدۇ.\f* \v 36 چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر.\x + \xo 20:36 \xt 1يۇھ. 3‏:2. \x* \m \v 37 ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا \add پەيغەمبەر\add* ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى \add تەۋراتتىكى\add* «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان. \f □ \fr 20:37 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى»\+bd* ــ «مىس.» 6:3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:37 \xt مىس. 3‏:6؛ روس. 7‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. \x* \v 38 ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر! \f □ \fr 20:38 \ft \+bd «چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «بۇلارنىڭ ھەممىسى» (ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارنىڭ ھەممىسى، دېمەكچى) ۇنىڭغا نىسبەتەن تىرىكتۇر!» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە «ھەممەيلەن» ھەر ئادەمنىڭ روھىنىڭ خۇدا ئالدىدا تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!»\+bd* ــ ئەيسانىڭ «تىرىلىش» توغرۇلۇق بۇ سۆزلىرى «مات.» 32:22دىمۇ تېپىلىدۇ. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇلار توغرۇلۇق ئازراق شەرھ بېرىمىز.\f* \m \v 39 شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى. \v 40 چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. \b \m \s1 قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ــ داۋۇتنىڭ ئوغلى ھەم رەببى \r مات. 22‏:41-46؛ مار. 12‏:35-37 \m \v 41 ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ \x + \xo 20:41 \xt مات. 22‏:42؛ مار. 12‏:35. \x* \v 42‏-43 چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ \m «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، \m مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟\f □ \fr 20:42‏-43 \ft \+bd «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»\+bd* ــ «زەب.» 1:110.\f*  \x + \xo 20:42‏-43 \xt زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:13. \x* \m \v 44 ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ \b \m \s1 ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى \r مات. 23‏:1-36؛ مار. 12‏:38-40؛ لۇقا 11‏:37-54 \m \v 45 ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 46 ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. \f □ \fr 20:46 \ft \+bd «...بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتلىك سالاملىرىغا، ... ئامراق كېلىدۇ»\+bd* ــ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئۇستازلىرىغا قىلغان «سالام»لىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز.\f*  \x + \xo 20:46 \xt مات. 23‏:5، 6؛ مار. 12‏:38، 39؛ لۇقا 11‏:43. \x* \v 47 ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ!\x + \xo 20:47 \xt مات. 23‏:14؛ مار. 12‏:40؛ 2تىم. 3‏:6؛ تىت. 1‏:11. \x* \b \b \m \c 21 \s1 تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ \r مار. 12‏:41-44 \m \v 1 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى \add ئىبادەتخانىدىكى\add* ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى.\f □ \fr 21:1 \ft \+bd «ئۇ... بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى»\+bd* ــ «ئىئانە ساندۇقى» دېگەن سۆز ئادەتتە گرېك تىلىدا «خەزىنە»نى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئىبادەتخانىدىكى خەزىنە ئۈچۈن سەدىقىلەر يىغىلىدىغان جاي، بەلكىم چوڭ بىر ساندۇقنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 21:1 \xt 2پاد. 12‏:10؛ مار. 12‏:41. \x* \v 2 ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى. \f □ \fr 21:2 \ft \+bd «ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى»\+bd* ــ بۇ «تىيىن» (گرېك تىلىدا «لەپتون») «دېنارىئۇس»نىڭ 1/128ى بولۇپ، بىر ئىشلەمچىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئىچىدە «ئالتە مىنۇت»لۇق پۇلىغا باراۋەر.\f* \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر.\x + \xo 21:3 \xt 2كور. 8‏:12. \x* \v 4 چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى. \b \m \s1 كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەت \r مات. 24‏:1-14؛ مار. 13‏:1-13 \m \v 5 ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ:\x + \xo 21:5 \xt مات. 24‏:1؛ مار. 13‏:1. \x* \m \v 6 ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 21:6 \xt 1پاد. 9‏:7؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44. \x* \m \v 7 ئۇلار ئۇنىڭدىن: \m ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 8 ئۇ مۇنداق دېدى: \m ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.\f □ \fr 21:8 \ft \+bd «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن»\+bd* ــ «مانا ئۆزۈم مەسىھدۇرمەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ئاشۇ ۋاقىت»\+bd* ــ قىيامەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 21:8 \xt يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2تېـس. 2‏:2؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \v 9 سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. \m \v 10 ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: \m ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. \f □ \fr 21:10 \ft \+bd «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار.\f*  \x + \xo 21:10 \xt يەش. 19‏:2. \x* \v 11 جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، \add يەر يۈزىدە\add* ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. \f □ \fr 21:11 \ft \+bd «يەر يۈزىدە ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدىكى ئەينى تېكىستتە «يەر يۈزىدە» دېگەن سۆز يوق. بىراق بىزنىڭچە ھېلىقى «ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر» \+bd ئاسماندا\+bd* بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، «ۋەھشەتلەر» بولسا چوقۇم «يەر يۈزىدە» بولۇشى كېرەك. 25-ئايەتنمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 12 بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، \x + \xo 21:12 \xt مات. 10‏:17؛ 24‏:9؛ مار. 13‏:9؛ يـۇھ. 16‏:2؛ روس. 4‏:3؛ 5‏:18؛ 12‏:4؛ 16‏:24؛ ۋەھ. 2‏:10. \x* \v 13 ۋە بۇنىڭ بىلەن \add ئۇلارنىڭ ئالدىدا\add* گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. \f □ \fr 21:13 \ft \+bd «... بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ»\+bd* ــ «گۇۋاھلىق بېرىش» مۇشۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، خۇدانىڭ نىجاتى رەب ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دۇنياغا كەلدى، دەپ جاكارلاشتىن ئىبارەت.\f* \v 14 ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. \x + \xo 21:14 \xt مات. 10‏:19؛ مار. 13‏:11. \x* \v 15 چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. \x + \xo 21:15 \xt مىس. 4‏:12؛ يەش. 54‏:17؛ مات. 10‏:19؛ روس. 6‏:10. \x* \v 16 ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. \f □ \fr 21:16 \ft \+bd «خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ»\+bd* ــ بۇ بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 21:16 \xt مىك. 7‏:6؛ روس. 7‏:59؛ 12‏:2. \x* \v 17 سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. \x + \xo 21:17 \xt مات. 10‏:22؛ مار. 13‏:13. \x* \v 18 ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! \x + \xo 21:18 \xt 1سام. 14‏:45؛ 2سام. 14‏:11؛ 1پاد. 1‏:52؛ مات. 10‏:30. \x* \v 19 سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر.\f □ \fr 21:19 \ft \+bd «سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «جان» ياكى جىسمانىي ھايات ياكى ئادەمنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى، شۇنداقلا روھىي ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە ئىنساننىڭ روھىي ھاياتىدىكى ئەمەلىي جەھەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىرسىدە روھىي ھايات بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى تۇتالايدىغان، تۈرلۈك روھىي ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولىدۇ ــ مەسىلەن، ئۆزىدە بار بولغان ئەنسىرەشلەر، قورقۇنچلار، شەھۋانىي ھەۋەسلەر قاتارلىقلارنى مەسىھگە بويسۇندۇرالايدۇ (مەسىلەن، «2كور.» 5:10، «1تېس.» 4:4نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت \r مات. 24‏:15-21؛ مار. 13‏:14-19 \m \v 20 ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ \add دۈشمەن\add* قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. \x + \xo 21:20 \xt دان. 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14. \x* \v 21 ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. \v 22 چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 21:22 \ft \+bd «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»\+bd* ــ «ئىنتىقام جازاسى» گرېك تىلىدا بۇ سۆز ھەم «ئىنتىقام» ھەم «تولۇق، مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىش» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «مات.» 35:23نى كۆرۈڭ. بۇ «ئىنتىقام» ياكى «ھۆكۈم چىقىرىلىش»نى خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقى يەھۇدىيلار ئۈستىگە يۈرگۈزىدۇ. بۇ، مۇشۇ يەردە (12-24-ئايەت) يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ مىلادىيە 70-يىلى مۇھاسىرىگە ئېلىنىشى ۋە ۋەيران قىلىنىشىنى كۆرسىتىغان بېشارەتتۇر. كېيىنكى ئايەتلەر ئاخىر زاماننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 21:22 \xt دان. 9‏:26،27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14. \x* \b \m \v 23 ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە \add ئەرشتىكى\add* غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ \f □ \fr 21:23 \ft \+bd «بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ...»\+bd* ــ ياكى «يەر يۈزىدە ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ».\f* \v 24 ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ.\f □ \fr 21:24 \ft \+bd «ئۇلار ... تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» ــ گرېك تىلىدا «يات ئەللەرنىڭ ۋاقىتلىرى». «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى توشقۇچە» دېگەن ئىبارە يەھۇدىي خەلقى ئاخىر زاماندا قايتىدىن يېرۇسالېمدا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە يېرۇسالېمنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبارە ۋە شۇنداقلا بۇ بابتىكى باشقا بېشارەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 21:24 \xt رىم. 11‏:25. \x* \b \m \s1 مەسىھنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە \r مات. 24‏:29-31؛ مار. 13‏:24-27 \m \v 25 ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. \x + \xo 21:25 \xt يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 3‏:4؛ 3‏:15؛ مات. 24‏:29؛ مار. 13‏:24؛ ۋەھ. 6‏:12. \x* \v 26 ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. \f □ \fr 21:26 \ft \+bd «ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ»\+bd* ــ «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم ئاسماندىكى جىسىملار (قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىقلار)نى ۋە ھەم ئاسماندا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان جىن-شەيتانلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 27 ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.\x + \xo 21:27 \xt دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 13‏:26؛ 14‏:62؛ روس. 1‏:11؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \m \v 28 لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر.\x + \xo 21:28 \xt رىم. 8‏:23. \x* \b \m \s1 ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش \r مات. 24‏:32-35؛ مار. 13‏:28-31 \m \v 29 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: \m ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. \x + \xo 21:29 \xt مات. 24‏:32؛ مار. 13‏:28. \x* \v 30 ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. \v 31 شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. \v 32 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. \f □ \fr 21:32 \ft \+bd «بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ»\+bd* ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (20-24ئايەت) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «بۇ دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. (2) ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (27-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3)-شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ.\f* \v 33 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.\f □ \fr 21:33 \ft \+bd «ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلى «ئاسمان-زېمىن ئۆتىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز ئۆتمەيدۇ».\f*  \x + \xo 21:33 \xt زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 51‏:6؛ مات. 24‏:35؛ ئىبر. 1‏:11. \x* \b \m \s1 ھوشيار بولۇڭلار \m \v 34 ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن. \f □ \fr 21:34 \ft \+bd «شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن»\+bd* ــ «شۇ كۈن» مۇقەددەس كىتابتا دائىم دېگۈدەك مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان، ئىنسانلاردىن ھېساب ئالىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 21:34 \xt رىم. 13‏:13؛ 1تېس. 5‏:6؛ 1پېت. 4‏:7. \x* \v 35 چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. \x + \xo 21:35 \xt 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. \x* \v 36 شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 21:36 \ft \+bd «يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ»\+bd* ــ ياكى «يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ...». ئەمدى ئېتقادچىلار بۇ دەھشەتلىك ۋەقەلەردىن ئۆتۈپ كېتەمدۇ، ياكى ئاۋۋال ئېلىپ كېتىلەمدۇ؟ بۇ مۇھىم مەسىلە. ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ ئايەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆز-ئايەتلەرگە قاراپ ئۆزلىرى بىر خۇلاسىگە كېلەلەيدۇ. بىز باشقا يەرلەردىمۇ بۇ تېما ئۈستىدە توختالغان («تېسالونىكالىقلارغا (2)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە). \+bd «ھازىر بولۇپ لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «كۈچلەندۈرۈلۈشۈڭلار ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 21:36 \xt مات. 24‏:42؛ 25‏:13؛ مار. 13‏:33؛ لۇقا 12‏:40؛ 1تېس. 5‏:6. \x* \m \v 37 ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى. \x + \xo 21:37 \xt يـۇھ. 8‏:2. \x* \v 38 ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى. \b \b \m \c 22 \s1 رەبنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى \r مات. 26‏:1-5، 14-16؛ مار. 14‏:1-2، 10-11؛ يـۇھ. 11‏:45-53 \m \v 1 ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى.\x + \xo 22:1 \xt مىس. 12‏:15؛ مات. 26‏:2؛ مار. 14‏:1. \x* \v 2 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى.\f □ \fr 22:2 \ft \+bd «...چۈمكى ئۇلار خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقاتتى»\+bd* ــ كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ خەلقتىن قورقۇشىنىڭ سەۋەبى، خەلقنىڭ مەسىھنى قوللايدىغانلىقىدىن؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قول سالالماي، بەلكى رىملىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيساغا ئەرز قىلىپ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلماقچى.\f*  \x + \xo 22:2 \xt زەب. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47؛ روس. 4‏:27. \x* \m \v 3 شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى.\x + \xo 22:3 \xt مات. 26‏:14؛ مار. 14‏:10؛ يـۇھ. 13‏:27. \x* \v 4 ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. \v 5 ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى. \v 6 يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى. \b \m \s1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك زىياپىتى \r مات. 26‏:17-25؛ مار. 14‏:12-21؛ يـۇھ. 13‏:21-30 \m \v 7 ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ \add بىرىنچى\add* كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق \add قوزا\add* سويۇلاتتى.\f □ \fr 22:7 \ft \+bd «ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى»\+bd* ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈلەتتى. تۇنجى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش بايرىمى» (ئىبرانىي تىلىدا «پاسخا» ھېيتى) ئىدى. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار قويلارنى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ سويۇپ، ئاندىن ئۆيىدە پېتىر نان بىلەن يەيتتى («مىس.» 1:12-20، «لاۋ.» 4:23-8نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 22:7 \xt مات. 26‏:17؛ مار. 14‏:12،13. \x* \v 8 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: \m ــ بېرىپ بىزگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ \add قوزىسىنى\add* بىرگە يېگىلى تەييارلاڭلار، ــ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى. \m \v 9 ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. \v 10 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ شەھەرگە كىرسەڭلار، مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار. \f □ \fr 22:10 \ft \+bd «مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە) ئەر كىشىلەر بۈگۈنگە قەدەر ئادەتتە سۇ كۆتۈرمەيدۇ.\f* \v 11 ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. \v 12 ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار. \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. \v 14 ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى. \x + \xo 22:14 \xt مات. 26‏:20؛ مار. 14‏:17. \x* \v 15 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: \m ــ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، سىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىغا ھەمداستىخاندا بولۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. \f □ \fr 22:15 \ft \+bd «تولىمۇ ئىنتىزارلىق بولۇپ كەلگەنىدىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىنتىزارلىق بىلەن ئىنتىزار قىلدىم».\f* \v 16 چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ \add ئەھمىيىتى\add* خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 22:16 \ft \+bd «بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ تولۇق ئەھمىيىتى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن»\+bd* ــ تەۋراتتىكى بارلىق ھېيتلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزى بىر بېشارەتتۇر، ھەممىسى مەسىھنىڭ پادىشاھلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «لاۋىيلار» 23-باب ۋە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا: \m ــ بۇنى ئېلىپ ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ \add ئىچىڭلار\add*. \v 18 چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 22:18 \ft \+bd «...ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىسىنىڭ شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن».\f* \b \m \s1 «رەبنىڭ زىياپىتى» \m \v 19 ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 22:19 \ft \+bd «مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىڭلار».\f*  \x + \xo 22:19 \xt مات. 26‏:26؛ مار. 14‏:22؛ 1كور. 11‏:23،24. \x* \m \v 20 ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: \m ــ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر.\f □ \fr 22:20 \ft \+bd «تاماقتىن كېيىنكى جام»\+bd* ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيت»تىكى زىياپەت دائىم بېكىتىلگەن ئالاھىدە بىر تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزىلىدۇ. «تاماقتىن كېيىنكى جام» «ئۈچىنچى جام» بولىدۇ. \+bd «بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر»\+bd* ــ مەسىھ ئېيتقان بۇ «يېڭى ئەھدە» يەرەمىيا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەۋراتتا ۋەدە قىلىنغان ئاجايپ «يېڭى ئەھدە»دۇر («يەر.» 31:31-34 ھەم «ئەز.» 25:36-27نى، شۇنداقلا يەرەمىيادىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ). بۇ يېڭى ئەھدە «مەسىھنىڭ قېنىدىدۇر» دېگەننىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىسى باردۇر، مۇشۇ ئەھدە مەسىھنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇد-ھاياتىغا پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەھدىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشكە بولغان قەتئىي نىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 21 لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر. \x + \xo 22:21 \xt مات. 26‏:23؛ مار. 14‏:18؛ يـۇھ. 13‏:21. \x* \v 22 ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك \add ئالەمدىن\add* كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!\x + \xo 22:22 \xt زەب. 41‏:9؛ يـۇھ. 13‏:18؛ روس. 1‏:6. \x* \m \v 23 ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن: \m ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى. \b \m \s1 مۇخلىسلارنىڭ مەرتىۋە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشى \m \v 24 ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. \v 25 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ. \f □ \fr 22:25 \ft \+bd «ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ»\+bd* ــ شۇ چاغدا ۋە دۇنيانىڭ پۈتكۈل تارىخىدا «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتالغانلار ئەمەلىيەتتە «ئىسمى بار، جىسمى يوق»لاردەك «خەلقپەرۋەر»نىڭ ئەكسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسىھنىڭ بۇ ئىشنى كۆرسەتكەنلىكى، ئېتىقادچىلار ھەتتا مۇشۇنداق ئابرۇينىمۇ ئىزدىمەسلىكى كېرەك، ھەرقانداق «ئابرۇيپەرەسلىك» قىلىشتىن تولىمۇ يىراقلىشىشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر، دەپ ئويلايمىز.\f*  \x + \xo 22:25 \xt مات. 20‏:25؛ مار. 10‏:42. \x* \v 26 بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار \add ھەممەيلەنگە\add* خىزمەتكاردەك بولسۇن. \x + \xo 22:26 \xt لۇقا 9‏:48؛ 1پېت. 5‏:3. \x* \v 27 كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن.\x + \xo 22:27 \xt مات. 20‏:28؛ يـۇھ. 13‏:14؛ فىل. 2‏:7. \x* \m \v 28 سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر. \v 29 ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. \x + \xo 22:29 \xt لۇقا 12‏:32. \x* \v 30 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.\f □ \fr 22:30 \ft \+bd «ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر»\+bd* ــ ياكى «ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر».\f*  \x + \xo 22:30 \xt مات. 19‏:28؛ ۋەھ. 3‏:21. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ ئۆزىدىن تانىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى \r مات. 26‏:31-35؛ مار. 14‏:27-31؛ يـۇھ. 13‏:36-38 \m \v 31 رەب يەنە \add پېترۇسقا\add*: \m ــ «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن. \f □ \fr 22:31 \ft \+bd «ئەي سىمون، سىمون!»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن»\+bd* ــ «تىلىگەن» دېگەن بۇ سۆز خۇدا شەيتاننىڭ تەلىپى بويىچە مۇشۇنداق قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 22:31 \xt 1پېت. 5‏:8. \x* \v 32 لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى. \m \v 33 ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن! \m \v 34 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى.\f □ \fr 22:34 \ft \+bd «بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن»\+bd* ــ «بۈگۈن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھۇدىيلار ئۈچۈن «بۇ كۈن» «كېچە» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىھ بۇ سۆزلەرنى كېچىدە ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېيتقان ۋەقەلەر ئاشۇ كېچىدە، تاڭ ئاتمايلا يۈز بېرىدۇ. \fp گرېك تىلىدا ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىنكار شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ: «سەن بۈگۈن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ ئۈچ قېتىم مەندىن تانماي تۇرۇپ خوراز چىللىمايدۇ».\f*  \x + \xo 22:34 \xt مات. 26‏:34؛ مار. 14‏:30؛ يـۇھ. 13‏:38. \x* \b \m \s1 ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشى \m \v 35 ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن: \m ــ سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز \add سەپەرگە\add* ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ياق، دېدى.\f □ \fr 22:35 \ft \+bd «سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز سەپەرگە ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟»\+bd* ــ 3:9 ۋە 3:10-4نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 22:35 \xt مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3. \x* \m \v 36 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن. \f □ \fr 22:36 \ft \+bd «لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن»\+bd* ــ بۇ سىرلىق ئەمما مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 37 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى.\f □ \fr 22:37 \ft \+bd «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار قاتارىدا سانىلىدۇ». بۇ بېشارەت «يەش.» 12:53دە تېپىلىدۇ. \+bd «مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ»\+bd* ــ «مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار» بولسا پەقەت تەۋراتتىكى مەسىھنى ئالدىنئالا ئوچۇق ئېيتقان بېشارەتلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى تەۋراتتا مەسىھنى كۆرسىتىدىغان بارلىق بۇيرۇلغان قۇربانلىقلار، ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەمدە تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن بارلىق تارىخىي «بېشارەتلىك ۋەقەلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 22:37 \xt يەش. 53‏:12؛ مار. 15‏:28. \x* \m \v 38 ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار. \m ــ بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.\f □ \fr 22:38 \ft \+bd «ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن»\+bd* ــ مۇشۇ خىل «قىلىچ» قىسقا بولۇپ، يەنە «پىچاق» ھېسابلانغىلى بولىدۇ. \+bd «بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى \+bd*\+bdit ئەيسا\+bdit* ئۇلارغا» ــ مۇشۇ ئايەت ئۈستىدە 37-ئايەت بىلەن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ زەيتۇن تېغىدا دۇئا قىلىشى \r مات. 26‏:36-46؛ مار. 14‏:32-42 \m \v 39 ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. \x + \xo 22:39 \xt مات. 26‏:36؛ مار. 14‏:32؛ يـۇھ. 8‏:1؛ 18‏:1. \x* \v 40 ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: \m ــ ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 41 ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:\x + \xo 22:41 \xt مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:35. \x* \m \v 42 ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛ \f □ \fr 22:42 \ft \+bd «بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن»\+bd* ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتا «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە بولۇپ، «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25 ۋە باشقا كۆپ يەرلەردە خۇدانىڭ غەزىپىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا مەسىھ مۇشۇ يەردە ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ غەزىپىنى ئىچىشكە تەييار تۇرىدۇ.\f* \v 43 ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى. \v 44 ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. \x + \xo 22:44 \xt يـۇھ. 12‏:27؛ ئىبر. 5‏:7. \x* \v 45 ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا: \m \v 46 ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى \r مات. 26‏:47-56؛ مار. 14‏:43-50؛ يـۇھ. 18‏:3-11 \m \v 47 ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا \add سالام بېرىپ\add* سۆيگىلى قېشىغا باردى.\x + \xo 22:47 \xt مات. 26‏:47؛ مار. 14‏:43؛ يـۇھ. 18‏:3. \x* \m \v 48 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 49 ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى. \v 50 ۋە ئۇلاردىن بىرى \add قىلىچىنى كۆتۈرۈپ\add*، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى. \f □ \fr 22:50 \ft \+bd «...ئۇلاردىن بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى»\+bd* ــ بۇ نامەلۇم مۇخلىس پېترۇس ئىدى («يۇھ.» 10:18، «مات.» 51:26، «مار.» 47:14).\f*  \x + \xo 22:50 \xt مات. 26‏:51؛ مار. 14‏:47. \x* \v 51 بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى. \m \v 52 ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: \m ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟ \x + \xo 22:52 \xt مات. 26‏:55؛ مار. 14‏:48. \x* \v 53 مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى.\f □ \fr 22:53 \ft \+bd «ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر»\+bd* ــ «قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر» ــ دېمەك، شۇ چاغدا خۇدا شەيتاننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە مەسىھىگە بولغان نەپرىتىنى باش كاھىنلار ۋە باشقا ھۆكۈمدارلاردىن ئىبارەت شۇ رەزىل ئادەملەر ئارقىلىق نامايان قىلىشىغا يول قويغانىدى. «1كور.» 8:2»نى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىشى ۋە پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى \r مات. 26‏:57-58، 69-75؛ مار. 14‏:53-54، 66-72؛ يـۇھ. 18‏:12-18، 25-27 \m \v 54 ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. \x + \xo 22:54 \xt مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ يـۇھ. 18‏:12،24. \x* \v 55 ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە \add ئىسسىنىپ\add* ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. \x + \xo 22:55 \xt مات. 26‏:69؛ مار. 14‏:54،66؛ يـۇھ. 18‏:16،25. \x* \v 56 ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى. \m \v 57 لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى. \m \v 58 ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى. \m \v 59 ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.\f □ \fr 22:59 \ft \+bd «دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر»\+bd* ــ مۇشۇ كىشى پېترۇسنىڭ گالىلىيەلىك ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ياكى بولمىسا يەرلىك كىيىم-كېچىكىدىن بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.\f* \m \v 60 لېكىن پېترۇس: \m ــ ھەي بۇرادەر، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلمەيمەن! ــ دېدى. ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، خوراز چىللىدى. \v 61 ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى. \x + \xo 22:61 \xt مات. 26‏:34،75؛ مار. 14‏:72؛ يـۇھ. 13‏:38؛ 18‏:27. \x* \v 62 ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىشى \r مات. 26‏:67-68؛ مار. 14‏:65 \m \v 63 ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ \x + \xo 22:63 \xt ئايۇپ 16‏:10؛ يەش. 50‏:6؛ مات. 26‏:67؛ مار. 14‏:6؛ يـۇھ. 19‏:3. \x* \v 64 ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى \v 65 ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى. \m \v 66 تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ \x + \xo 22:66 \xt زەب. 2‏:2؛ مات. 27‏:1؛ مار. 15‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28. \x* \v 67 ئۇنىڭدىن: ــ \m ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. \m ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر. \v 68 سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر. \v 69 لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 22:69 \ft \+bd «ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە». «زەب.»، 1:110نى كۆرۈڭ. زەبۇردىكى بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلار ئۆزلىرى ئەيسانى سوتلاۋاتىمىز، دەپ ئويلاتتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىنسانئوغلى بولۇپ ئاخىر بېرىپ ئۇلارنىڭ سوتچىسى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 22:69 \xt دان. 7‏:9؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 14‏:62؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \m \v 70 ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. \m ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 22:70 \ft \+bd «دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن!»\+bd* ــ «دېگىنىڭلاردەك» گرېك تىلىدا بۇ سۆزنىڭ «شۇنداق، لېكىن ئەمەلىيەت دەل سىلەرنىڭ ئويلىغىنىڭلاردەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.\f* \m \v 71 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: \m ــ ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 22:71 \ft \+bd «ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق!»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ مەسىھگە قاراتقان ئەرز-شىكايىتى: ــ «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېگىنىڭ «كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ»، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. \fp مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ھەقىقىي «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى» ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشى كېرەك. شۇڭا مەسىھ ئۆزى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارغا «باشقا گۇۋاھلىق» كېرەك بولمىدى! \fp ھالبۇكى، يەھۇدىي خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى ئاستىدا تۇرغاچقا، ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن رىم ھاكىمىيىتى ئالدىدا باشقا بىرەر ئەرز-شىكايەتنى تېپىشى كېرەك. بۇ تۆۋەندىكى بابتا (2:23) كۆرۈنىدۇ.\f* \b \b \m \c 23 \s1 ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى \r مات. 27‏:1-2، 11-14؛ مار. 15‏:1-5؛ يـۇھ. 18‏:28-38 \m \v 1 ئاندىن \add كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ\add* ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى \add ۋالىي\add* پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى.\x + \xo 23:1 \xt مات. 27‏:2؛ مار. 15‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28. \x* \v 2 ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: \m ــ ئۆزىنى مەسىھ، يەنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق، ــ دېيىشتى. \f □ \fr 23:2 \ft \+bd «قەيسەر»\+bd* ــ رىم ئىمپېراتورى. \+bd «...خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق»\+bd* ــ «(ئۇ) قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان» دېگەن شىكايەت يالغان، ئەلۋەتتە. 20:20-26نى كۆرۈڭ. شىكايەت «سىياسىي جەھەتتىكى» بولۇپ، ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۇ خەلقنى قۇترىتىۋاتىدۇ، «ئاممىۋىي تەرتىپ»نى بۇزدى؛ (2) خەلقنىڭ باج-سېلىق بېرىشىگە يول قويمىدى؛ (3) ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى (دېمەك، رىم ئىمپېراتورىغا قارشى چىققان).\f*  \x + \xo 23:2 \xt مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ مار. 12‏:17؛ لۇقا 20‏:25؛ روس. 17‏:7؛ رىم. 13‏:7. \x* \m \v 3 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 23:3 \ft \+bd «پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى»\+bd* ــ «ئېيتقىنىڭدەك» گرېك تىلىدا بۇ سۆزنىڭ «شۇنداق، لېكىن ئەمەلىيەت دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.\f*  \x + \xo 23:3 \xt مات. 27‏:11؛ مار. 15‏:2؛ يـۇھ. 18‏:33. \x* \m \v 4 ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە: \m ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى. \m \v 5 لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا: \m ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ. \b \m \s1 ئەيسا ھېرود خاننىڭ ئالدىدا \m \v 6 پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ: \m ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى \v 7 ۋە ئۇنىڭ ھېرود \add خاننىڭ\add* ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى).\x + \xo 23:7 \xt لۇقا 3‏:1. \x* \m \v 8 ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى.\x + \xo 23:8 \xt لۇقا 9‏:7. \x* \v 9 ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. \m \v 10 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. \v 11 ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى. \m \v 12 مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى.\x + \xo 23:12 \xt روس. 4‏:27. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى \r مات. 27‏:15-26؛ مار. 15‏:6-15؛ يـۇھ. 18‏:39-40؛ 19‏:1-16 \m \v 13 ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، \add يەھۇدىي\add* ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، \x + \xo 23:13 \xt مات. 27‏:23؛ مار. 15‏:14؛ يـۇھ. 18‏:38؛ 19‏:4. \x* \v 14 ئۇلارغا: \m ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. \v 15 ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. \f □ \fr 23:15 \ft \+bd «ھېرودمۇ تاپمىدى»\+bd* ــ ياكى «ھېرود ئۇنى (بىزگە) قايتۇرۇۋېتىپتۇ».\f* \v 16 شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى \f □ \fr 23:16 \ft \+bd «شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن»\+bd* ــ بۇ «جازالاش» بەلكىم قامچىلاش بولاتتى. بۇ سۆزلەر ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. بىراۋدا جىنايەت بولمىسا، نېمىشقا ئۇنى جازالايدۇ؟ مۇنداق ئادالەتسىزلىك رىم ئىمپېرىيەسى تۈزۈمىدە بەك كۆپ ئىدى. ئۇلار دېلونى سۈرۈشتە قىلغاندىمۇ ئادەمنى قامچىلايتتى («روس.» 24:22نى كۆرۈڭ). لېكىن مۇشۇ يەردە پىلاتۇسنىڭ ئەيسانى مۇنداق «قامچىلايمەن» دېيىشىنىڭ مەقسىتى پەقەت يەھۇدىي چوڭلارنى بىر ئاز رازى قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى، خالاس.\f* \v 17 (ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق \add ئۆتۈپ كېتىش\add* ھېيتىدا، \add يەھۇدىي\add* \add مەھبۇسلاردىن\add* بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). \x + \xo 23:17 \xt مات. 27‏:15؛ مار. 15‏:6؛ يـۇھ. 18‏:39. \x* \v 18 لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ: \m ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى \x + \xo 23:18 \xt روس. 3‏:14. \x* \v 19 (بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى). \v 20 شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى. \v 21 لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ: \m ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. \m \v 22 \add پىلاتۇس\add* ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: \m ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 23:22 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن»\+bd* ــ 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 23 بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى. \v 24 پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. \x + \xo 23:24 \xt مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:15؛ يـۇھ. 19‏:16. \x* \v 25 ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى \r مات. 27‏:32-44؛ مار. 15‏:21-32؛ يـۇھ. 19‏:17-19 \m \v 26 ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. \f □ \fr 23:26 \ft \+bd «ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى»\+bd* ــ باشقا ئىنجىل بايانلىرىدىن بىلىمىزكى، بۇنىڭ سەۋەبى ئەيسانىڭ ھالسىراپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى «مات.» 32:27، «مار.» 21:15 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 27 ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. \v 28 لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا: \m ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! \v 29 چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ. \v 30 شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. \f □ \fr 23:30 \ft \+bd «شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ»\+bd* ــ خۇدانىڭ غەزىپى شۇنچە دەھشەتلىك بولىدۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قېچىش ئۈچۈن ھەرقانچە قورقۇنچلىق ئامال-چارە بولسىمۇ، خالايدۇ. «ھوش.» 8:10 ۋە «ۋەھىي» 16:6نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:30 \xt يەش. 2‏:19؛ ھوش. 10‏:8؛ ۋەھ. 6‏:16؛ 9‏:6. \x* \v 31 چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى.\f □ \fr 23:31 \ft \+bd «چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟!»\+bd* ــ بۇ سىرلىق بېشارەت بەلكىم: «مەن گۇناھسىز، مېھرىبان بولۇپ خۇدانىڭ جازا قوراللىرى بولغان چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا شۇنچە كۆپ ئازاب تارتقان يەردە، كەلگۈسىدە سىلەردەك گۇناھقا پاتقانلارنى ئۇلار قانداق جازالار؟» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 23:31 \xt يەر. 25‏:29؛ 1پېت. 4‏:17. \x* \m \v 32 ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. \x + \xo 23:32 \xt يـۇھ. 19‏:18. \x* \v 33 ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. \f □ \fr 23:33 \ft \+bd ««باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جاي»\+bd* ــ «باش سۆڭەك» گرېك تىلىدا «كالۋارىي»، ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا».\f*  \x + \xo 23:33 \xt مات. 27‏:33،38؛ مار. 15‏:22؛ يـۇھ. 19‏:18. \x* \v 34 ئەيسا: \m ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. \m \add لەشكەرلەر\add* چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. \x + \xo 23:34 \xt زەب. 22‏:18؛ مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ يـۇھ. 19‏:23؛ روس. 7‏:60؛ 1كور. 4‏:12. \x* \v 35 خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى. \m \v 36 لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ: \m \v 37 ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى. \m \v 38 ئۇنىڭ ئۈستىدىكى \add تاختايغا\add* گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى.\f □ \fr 23:38 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى»\+bd* ــ رىملىقلار بۇ سۆزلەرنى ئەيسابى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن يازغان، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، پىلاتۇس بۇ ئارقىلىق \+bd يەھۇدىيلارنىمۇ\+bd* مەسخىرە قىلماقچى ياكى ئەيىبلىمەكچى بولغان؛ بىراق خۇدا بولسا بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسەتكەن («يۇھ.» 19:19-22نى، «زەب.» 10:76نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 23:38 \xt مات. 27‏:37؛ مار. 15‏:26؛ يـۇھ. 19‏:19. \x* \m \v 39 ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: \m ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى. \m \v 40 بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ \v 41 بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى. \v 42 ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: \m ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى. \m \v 43 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 23:43 \ft \+bd «بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن»\+bd* ــ رەبنىڭ: «سەن «\+bd بۈگۈن\+bd*» مەن بىلەن بىللە \+bd جەننەتتە\+bd* بولىسەن» دېگەن مۇشۇ سۆزى بەزىلەرنىڭ: «ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا چۈشكەن» دېگەن بىدئەت تەلىمىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۆلۈمى \r مات. 27‏:45-56؛ مار. 15‏:33-41؛ يـۇھ. 19‏:28-30 \m \v 44 ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. \f □ \fr 23:44 \ft \+bd «ئالتىنچى سائەت...توققۇزىنچى سائەت»\+bd* ــ «ئالتىنچى سائەت» چۈش بولۇپ، «توققۇزىنچى سائەت» چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ. يەھۇدىيلار ۋاقىتنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن باشلاپ ھېسابلايتتى (مەسىلەن، ئۇلاردا «بىرىنچى سائەت» بىزدە سائەت يەتتە بولاتتى).\f*  \x + \xo 23:44 \xt مات. 27‏:45؛ مار. 15‏:33. \x* \v 45 قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. \f □ \fr 23:45 \ft \+bd «ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى»\+bd* ــ «مات.» 51:27دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:45 \xt مات. 27‏:51؛ مار. 15‏:38. \x* \v 46 ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.\f □ \fr 23:46 \ft \+bd «ئەيسا... تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى»\+bd* ــ ياكى «ئەيسا... روھىنى چىقاردى». گرېك تىلىدا «روھ» ۋە «تىنىق» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «زەب.» 5:31نى كۆرۈڭ. مۇشۇ ئايەتتىكى بىرىنچى «قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىش»ى بەلكىم «يۇھ.» 30:19دە خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 23:46 \xt زەب. 31‏:5؛ مات. 27‏:50؛ مار. 15‏:37؛ يـۇھ. 19‏:30؛ روس. 7‏:59. \x* \m \v 47 ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى.\x + \xo 23:47 \xt مات. 27‏:54؛ مار. 15‏:39. \x* \m \v 48 ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. \v 49 ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى \r مات. 27‏:57-61؛ مار. 15‏:42-47؛ يـۇھ. 19‏:38-42 \m \v 50‏-51 ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. \x + \xo 23:50‏-51 \xt مات. 27‏:57؛ مار. 15‏:43؛ يـۇھ. 19‏:38. \x* \v 52 ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ \v 53 ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. \x + \xo 23:53 \xt مات. 12‏:40؛ 26‏:12؛ 27‏:59؛ مار. 15‏:46؛ يەش.53‏:9\x* \v 54 بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. \f □ \fr 23:54 \ft \+bd «بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى»\+bd* ــ «تەييارلىق كۈنى» شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى، شەنبە كۈنى)نىڭ ھارپا كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ «ئىش قىلماسلىق»ى ئۈچۈن ھارپا كۈنىدە تاماق ئېتىلىشى ۋە باشقا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئالدىنئالا قىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى ــ شۇڭا ئالدىنقى كۈنى «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. \fp تەۋرات كالېندارى بويىچە «پېتىر نان ھېيتى»نىڭمۇ بىرىنچى كۈنى («نىسان»، يەنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى) «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 6:23-7). شۇڭا ئۇنىڭ ھارپا كۈنىمۇ «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ «نىسان» ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدى. \fp شابات كۈنى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھەپتىنىڭ بارلىق كۈنلىرىگە ئوخشاشلا كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ.\f* \v 55 ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار \add يۈسۈپكە\add* ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. \x + \xo 23:55 \xt لۇقا 8‏:2. \x* \v 56 ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە \add تەۋراتتىكى\add* ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى.\f □ \fr 23:56 \ft \+bd «\+bd*\+bdit ئاياللار\+bdit* ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى» ــ «بۇيۇملار» ــ ياكى «مەلھەملەر». بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ مەقسىتى جەسەتنىڭ ئۈستىگە چېچىپ ئۇنىڭ چىرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.\f* \b \b \m \c 24 \s1 ئەيسانىڭ تىرىلىشى \r مات. 28‏:1-10؛ مار. 16‏:1-8؛ يـۇھ. 20‏:1-10 \m \v 1 ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى.\f □ \fr 24:1 \ft \+bd «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ ياكى «شاباتتىن كېيىنكى كۈن»، يەنى يەكشەنبە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ««ھەپتىلەر»نىڭ بىرىنچى كۈنى». «پېتىر نان ھېيتى»دىن «ئورما ھېيتى»غىچە 7 ھەپتە، يەنى 49 كۈن سانىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت «ھەپتىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، «ئورما ھېيتى» بەزىدە «ھەپتىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 24:1 \xt مات. 28‏:1؛ مار. 16‏:1؛ يـۇھ. 20‏:1. \x* \v 2 ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛ \v 3 ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى. \v 4 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.\f □ \fr 24:4 \ft \+bd «نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات»\+bd* ــ «ئىككى زات» گرېك تىلىدا «ئىككى ئەر كىشى». بۇلار پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.\f* \v 5 ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ \v 6‏-7 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى.\x + \xo 24:6‏-7 \xt مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31. \x* \m \v 8 ۋە ئۇلار ئۇنىڭ \add دەل\add* شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛\x + \xo 24:8 \xt يـۇھ. 2‏:22. \x* \v 9 ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى. \x + \xo 24:9 \xt مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10. \x* \v 10 روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى. \v 11 لېكىن \add ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى\add* ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. \v 12 بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى.\x + \xo 24:12 \xt يـۇھ. 20‏:3، 6. \x* \b \m \s1 ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقان سىرلىق مۇساپىر \r مار. 16‏:12-13 \m \v 13 ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. \f □ \fr 24:13 \ft \+bd «ئون بىر چاقىرىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاتمىش ستادىيون» ــ بىر ستادىيون تەخمىنەن 185 مېتر كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 24:13 \xt مار. 16‏:12. \x* \v 14 ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. \v 15 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ \x + \xo 24:15 \xt مات. 18‏:20؛ لۇقا 24‏:36. \x* \v 16 لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى. \m \v 17 ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ، \v 18 ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى. \m \v 19 ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. \m «ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ، \x + \xo 24:19 \xt لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14. \x* \v 20 باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى. \v 21 بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ \f □ \fr 24:21 \ft \+bd «بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق»\+bd* ــ «ھەمجەمەت-ئازاد قىلغۇچى» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھات، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 24:21 \xt روس. 1‏:6. \x* \v 22 يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، \x + \xo 24:22 \xt مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10؛ يـۇھ. 20‏:18. \x* \v 23 ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ. \v 24 بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ». \m \v 25 ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار! \v 26 مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى.\x + \xo 24:26 \xt يەش. 50‏:6؛ 53‏:5؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 12‏:2؛ 1پېت. 1‏:11. \x* \m \v 27 ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.\x + \xo 24:27 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24-25؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. \x* \m \v 28 ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى. \v 29 لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: \m ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى. \x + \xo 24:29 \xt يار. 19‏:3؛ روس. 16‏:15؛ ئىبر. 13‏:2. \x* \v 30 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. \f □ \fr 24:30 \ft \+bd «ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى»\+bd* ــ «نان ئوشتۇش» ئادەتتە بۇنى مېھمان ئەمەس، بەلكى ساھىبخانا قىلىشى كېرەك ئىدى.\f* \v 31 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. \v 32 ئۇلار بىر-بىرىگە: \m ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى. \m \v 33‏-34 ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. \f □ \fr 24:33‏-34 \ft \+bd «ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار شۇ سائەتتىلا تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى».\f* \v 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا يەنە كۆرۈنۈشى \r مات. 28‏:16-20؛ مار. 16‏:14-18؛ يـۇھ. 20‏:19-23؛ روس. 1‏:6-8 \m \v 36 ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، \add ئەيسا\add* ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ: \m ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.\f □ \fr 24:36 \ft \+bd «سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم»، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 24:36 \xt مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 1كور. 15‏:5. \x* \m \v 37 ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى. \m \v 38 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟ \v 39 قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى. \m \v 40 ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. \v 41 ئۇلار خۇشلۇقتىن \add كۆزلىرىگە\add* ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن: \m ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \x + \xo 24:41 \xt يـۇھ. 21‏:10. \x* \v 42 ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى، \v 43 ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى. \m \v 44 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: \m ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.\x + \xo 24:44 \xt مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:6. \x* \m \v 45 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى \v 46 ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، \x + \xo 24:46 \xt زەب. 16‏:10؛ 22‏:6. 22؛ روس. 17‏:3. \x* \v 47 ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ. \x + \xo 24:47 \xt روس. 13‏:38؛ 1يۇھ. 2‏:12. \x* \v 48 سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر. \v 49 ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار».\f □ \fr 24:49 \ft \+bd «مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ «ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنى» ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى. خۇدا ئۇلارنى «قۇدرەت بىلەن كىيگۈزىدۇ». \+bd «لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار»\+bd* ــ «بۇ شەھەر» ــ يېرۇسالېم.\f*  \x + \xo 24:49 \xt يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7؛ روس. 1‏:4. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى \r مار. 16‏:19-20؛ روس. 1‏:9-11 \m \v 50 ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى. \x + \xo 24:50 \xt روس. 1‏:12. \x* \v 51 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. \x + \xo 24:51 \xt مار. 16‏:19 روس. 1‏:9. \x* \v 52 ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، \v 53 ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى.\f □ \fr 24:53 \ft \+bd «...ۋە شۇنداق بولدىكى، \+bd*\+bdit ئۇ\+bdit* ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى... \+bdit ئۇلار\+bdit* ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى» ــ بۇ 36-53-ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىھنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئاخىرقى كۆرۈنۈشى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ تىرىلىشىنى بايان قىلىدىغان باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىرىنچى يەكشەنبىدىكى كۆرۈنۈشتىن كېيىن ئەيسا يەنە بىرنەچچە قېتىم مۇخلىسلىرىغا ئايان بولدى. لۇقانىڭ بۇ خاتىرىسى ئەيسانىڭ مۇخلىسلارغا بىرىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنىشلىرىدىن بىراقلا قىرىقىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشىگە ئاتلاپ ئۆتكەن بولسا كېرەك (45-ئايەتتە ياكى 50-ئايەتتە «ئاتلاپ ئۆتىدۇ»). شۇڭا ئىنجىلدىكى «تۆت بايان»دا ھېچقانداق زىت يەرلەر يوق، دەپ قارايمىز. \fp «لۇقا»نىڭ داۋامى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دۇر، ئەلۋەتتە.\f*