\id LEV \h لاۋىيلار \toc1 لاۋىيلار \toc2 لاۋىيلار \toc3 لاۋ. \mt1 لاۋىيلار \c 1 \s1 «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» •••• كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ۋە»\+bd* ــ «لاۋىيلار» ياكى «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» دېگەن كىتاب «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى»نى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى (40-باب، 38-ئايەت) بىلەن زىچ باغلايدۇ. مەزكۇر كىتاب ئۇنىڭ داۋامىدۇر. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «جامائەت چېدىرى»\+bd* ــ ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدىكى «جامائەت» ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» ياكى «خۇدا بىلەن دىدارلىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 2 سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك. \m \v 3 ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. \x + \xo 1:3 \xt مىس. 29‏:10\x* \v 4 ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «كافارەت»\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») تۈپ مەنىسى «يېپىش». گۇناھلارغا «كافارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق ياپاتتى ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ).\f* \v 5 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. \v 6 ئاندىن \add قۇربانلىق قىلغۇچى\add* كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن \v 7 ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن. \v 8 ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى»\+bd* ــ ھارۇن باش كاھىن، ئوغۇللىرى كاھىنلار قىلىپ بېكىتىلگەنىدى («مىس.» 1:28).\f* \v 9 لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى \add قۇربانلىق سۇنغۇچى\add* سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. \b \m \s1 قوي پادىسىدىن قىلىنغان قۇربانلىق \m \v 10 ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقدا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن. \v 11 ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. \v 12 \add قۇربانلىق قىلغۇچى\add* بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن. \v 13 لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى \add قۇربانلىق سۇنغۇچى\add* سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. \b \m \s1 ئۇچار-قاناتلاردىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق \m \v 14 ئەگەر \add قۇربانلىق قىلغۇچى\add* پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. \v 15 كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن. \v 16 لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ...»\+bd* ــ ياكى «قۇيرۇق پەيلىرى بىلەن ئۈچەيلىرىنى قوشۇپ...».\f* \v 17 ئۇ قۇربانلىقنى ئىككى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارسۇن، بىراق ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇنى ئېلىپ قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. \b \b \m \c 2 \s1 ئاشلىق ھەدىيەلەر \m \v 1 ئەگەر بىركىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئاشلىق ھەدىيە سۇنماقچى بولسا ھەدىيەسى ئېسىل ئۇندىن بولۇشى كېرەك؛ ئۇ ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. \f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئېسىل ئۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا تەكىتلەنگىنى ياخشى تارتىلغان، بىرخىل يۇمشاقلىقتا، ھېچقانداق كېپەك ئارىلاشمىغان ئۇن.\f*  \x + \xo 2:1 \xt مىس. 6‏:15؛ 9‏:17؛ چۆل. 15‏:4\x* \v 2 ئۇ ئۇنى ئېلىپ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن \add كاھىن ھەدىيە سۇنغۇچىنىڭ\add* يادلىنىشى ئۈچۈن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ ھەدىيەنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. \x + \xo 2:2 \xt لاۋ. 6‏:8\x* \v 3 ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى»»\+bd* ــ ھەدىيە-قۇربانلىقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. ««ئەڭ مۇقەددەس» بولغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى پەقەت كاھىنلار ئۆزىلا يېيىشكە، شۇنداقلا مۇقەددەس جايدىلا يېيىشكە بولاتتى. «مۇقەددەس» ھېسابلانغان تائاملاردىن ئائىلىدىكىلىرى يېيىشكە بولاتتى.\f*  \x + \xo 2:3 \xt لاۋ. 10‏:12\x* \b \m \s1 پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلەر \m \v 4 ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇلار زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ياكى زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلاردىن بولسۇن.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «توقاچلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇ زەيتۇن مېيى ئىشلەشتۈرۈلۈپ ئېسىل ئۇندىن پېتىر ھالدا ئېتىلسۇن. \v 6 سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. \m \v 7 سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن. \v 8 شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ. \v 9 كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. \v 10 ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \b \m \v 11 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلەر ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. \v 12 بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن.\x + \xo 2:12 \xt چۆل. 18‏:12\x* \m \v 13 سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن.\x + \xo 2:13 \xt مار. 9‏:49\x* \m \v 14 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا «دەسلەپكى ھوسۇل»دىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇنداقتا زىرائەتنىڭ يېڭى پىشقان كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلارنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ تالقان سۈپىتىدە سۇنغىن؛ بۇ «دەسلەپكى ھوسۇل» ھەدىيەسى بولىدۇ؛ \v 15 سەن ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئۈستىگە مەستىكى سالغىن؛ بۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. \v 16 كاھىن بولسا ئۇنىڭدىن، يەنى قورۇپ ئېزىلگەن دانلار بىلەن زەيتۇن مېيىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بولارنى «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. \b \b \m \c 3 \s1 ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى \m \v 1 بىرسىنىڭ سۇنىدىغىنى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولسا، شۇنداقلا كالىلاردىن سۇنسا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن. \v 2 ئۇ سۇنىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. \v 3 سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ \x + \xo 3:3 \xt مىس. 29‏:22،13\x* \v 4 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. \v 5 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرۈپ ئوت ئۈستىگە قويۇلغان ئوتۇننىڭ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ.\x + \xo 3:5 \xt مىس. 29‏:25؛ لاۋ. 6‏:5\x* \b \m \s1 قوي پادىسىدىن بولغان ئىناقلىق قۇربانلىقى \m \v 6 بىرسىنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنىدىغىنى ئۇششاق مالدىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن. \v 7 ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى قوي بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، \v 8 قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. \v 9 سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى، يەنى ئۇنىڭ مېيىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، ــ پۈتۈن مايلىق قۇيرۇقىنى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىغا يېقىن يەردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ، \v 10 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. \v 11 كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.\x + \xo 3:11 \xt لاۋ. 21‏:22،21،17،8،6؛ 22‏:25؛ ئ‍ەز. 44‏:7؛ مال. 1‏:12\x* \b \m \v 12 ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى ئۆچكە بولسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرسۇن. \v 13 ئۇ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. \v 14 ئاندىن سۇنغۇچى كىشى بۇ قۇربانلىقتىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ، \v 15 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. \v 16 كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ماينىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر. \m \v 17 بۇ ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا سىلەرگە ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ھېچقانداق ماي ياكى قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئەبەدىي»\+bd* ــ تەۋراتتىكى «ئەبەدىي» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ: (1) مەڭگۈ؛ (2) شۇ ۋاقىتتىكى چېكى بېكىتىلمىگەن، قەرەلسىز، مۆھلەتسىز ئۇزۇن بىر مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:17 \xt يار. 9‏:4؛ لاۋ. 7‏:26؛ 17‏:14،10\x* \b \b \m \c 4 \s1 گۇناھ قۇربانلىقى، يەنى «گۇناھنى تىلەش قۇربانلىقى» \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «بىرسى بىلمەي ئېزىپ، پەرۋەردىگار «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلەردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھ قىلسا، \add تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن\add*: ــ \m \v 3 ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. \f □ \fr 4:3 \ft \+bd «مەسىھلەنگەن كاھىن»\+bd* ــ بەلكىم «باش كاھىن»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «مەسىھ قىلىش» ياكى «مەسىھلەش» توغرىسىدا «مىس.» 41:28نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 ئۇ تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. \v 5 ئاندىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن؛ \x + \xo 4:5 \xt لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4\x* \v 6 كاھىن شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. \v 7 شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ \x + \xo 4:7 \xt لاۋ. 9‏:9\x* \v 8 ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىن ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن ــ يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماي بىلەن قالغان ئىچ مېيى، \x + \xo 4:8 \xt لاۋ. 3‏:3، 4\x* \v 9 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجراتسۇن \v 10 (خۇددى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولغان كالىنىڭ ئىچىدىكى ماي ئاجرىتىلغاندەك)؛ ئاندىن كاھىن بۇلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. \x + \xo 4:10 \xt لاۋ. 3‏:5\x* \v 11 لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن ھەممە گۆشى، باش بىلەن پاچاقلىرى، ئىچ قارنى بىلەن ژىنىنى، \x + \xo 4:11 \xt مىس. 29‏:14؛ چۆل. 19‏:5\x* \v 12 يەنى پۈتكۈل تورپاقنىڭ قالغان قىسىملىرىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاك بىر يەرگە، يەنى كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇلار كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايدا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن.\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «كۈللەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە قۇربانلىقلارنىڭ كۈللىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:12 \xt لاۋ. 16‏:27؛ چۆل. 19‏:3؛ ئىبر. 13‏:11\x* \b \m \v 13 ئەگەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئېزىپ گۇناھ قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلىرىگە خىلاپلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «جامائەت ئۆزى بىلمىگەن»\+bd* ــ بۇ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ ئىش جامائەتنىڭ كۆزىگە يەتمىگەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 4:13 \xt لاۋ. 9‏:15؛ چۆل. 15‏:24-31\x* \v 14 شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئايدىڭلاشقان بولسا، ئۇنداقتا جامائەت گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر ياش تورپاقنى سۇنۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. \v 15 جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. \v 16 مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرسۇن؛ \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «مەسىھلەنگەن كاھىن»\+bd* ــ ياكى مەسىھ قىلىنغان كاھىن» بەلكىم «باش كاھىن»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 17 شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى \add مۇقەددەس جاينىڭ\add* پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. \v 18 شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ \v 19 كاھىن \add تورپاقنىڭ\add* ئىچىدىن بارلىق مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. \v 20 ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ئىلگىرىكى تورپاقنى قىلغىنىغا ئوخشاش بۇ تورپاقنىمۇ شۇنداق قىلسۇن؛ ۋە دەل شۇنداق قىلىشى كېرەك؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ. \v 21 ئاندىن ئۇ تورپاقنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلگىرىكى تورپاقنى كۆيدۈرگەندەك بۇ تورپاقنىمۇ كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەت ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. \b \m \v 22 ئەگەر بىر ئەمىر بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، \v 23 ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنسۇن؛ \f □ \fr 4:23 \ft \+bd «ۋە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ۋا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ھەمدە «ۋە» ھەم «ياكى» دېگەن ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 24 ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ بىر گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. \v 25 كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئاندىن قالغان قېنىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. \v 26 ئۇ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇش ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. \b \m \v 27 ئەگەر پۇقرالاردىن بىرى بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، \x + \xo 4:27 \xt چۆل. 15‏:27\x* \v 28 ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ، يەنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېجىرىم بىر چىشى ئۆچكىنى سۇنسۇن؛ \f □ \fr 4:28 \ft \+bd «ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ۋە» «ۋا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ھەمدە «ۋە» ھەم «ياكى» دېگەن ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 29 ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلىسۇن. \v 30 ئاندىن كاھىن ئۇنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ قالغان بارلىق قېنىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. \v 31 ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.\x + \xo 4:31 \xt مىس. 29‏:18؛ لاۋ. 3‏:3، 4، 14\x* \b \m \v 32 ئەگەر ئۇ كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن قوزا كەلتۈرۈشنى خالىسا، بېجىرىم بىر چىشى قوزىنى سۇنسۇن. \v 33 ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقى \add قوزىسىنىڭ\add* بېشىغا قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىسۇن. \v 34 ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئۇنىڭ قالغان بارلىق قېنىنى ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. \v 35 ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان قوزىنىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك، ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بارلىق قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. \b \b \m \c 5 \s1 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، يەنى «ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقى» \m \v 1 ئەگەر بىرسى مەلۇم ئىشقا گۇۋاھچى بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قەسەم بۇيرۇلغىنىدا كۆرگىنى ياكى بىلگىنىدىن مەلۇمات بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. \v 2 ئەگەر بىرسى ئۆزى بىلمەي ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ــ مەيلى ئۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مەيلى ناپاك بىر چارپاينىڭ جەسىتى بولسۇن، ياكى ناپاك بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئۇمۇ ناپاك سانىلىپ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ؛ \x + \xo 5:2 \xt ھاگ. 2‏:13؛ 2كور. 6‏:17\x* \v 3 ئەگەر شۇنىڭدەك بىرسى ئۆزى تۇيماي مەلۇم كىشىنىڭ ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ھەرقانداق نىجاسىتىگە تېگىپ كەتسە، شۇنداقلا ئۇ بۇنى بىلىپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. \v 4 ئەگەر بىرسى ئاڭسىز رەۋىشتە يامان ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلاي دەپ قەسەم قىلىپ سالسا (كىشىلەر ھەرتۈرلۈك ئىش توغرىسىدا ئاڭسىز رەۋىشتە قەسەم قىلىشى مۇمكىن)، شۇنداقلا ئۇ بۇنى تونۇپ يەتسە، ئۇ بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. \m \v 5 بىرسى يۇقىرىقى ھەرقايسى ئىشلاردا مەن گۇناھكار بولدۇم دەپ بىلسە، ئۇ ئۆز گۇناھىنى «مەن مۇنداق گۇناھ قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلسۇن؛ \v 6 ئاندىن ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىق» سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ساغلىق ۋە يا بىر چىشى ئۆچكىنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. \b \m \v 7 ئەگەر ئۇ قويلاردىن \add قۇربانلىق\add* قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن. \x + \xo 5:7 \xt لاۋ. 12‏:8؛ لۇقا 2‏:24\x* \v 8 ئۇ بۇلارنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرگەندە، \add كاھىن\add* ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا تەييارلانغاننى قۇربانلىق قىلىپ بوينىنى ئۈزمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن، لېكىن بېشىنى بوينىدىن ئۈزۈۋەتمىسۇن؛ \f □ \fr 5:8 \ft \+bd «كاھىن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا...».\f*  \x + \xo 5:8 \xt لاۋ. 1‏:15\x* \v 9 ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا چاچسۇن؛ قالغان قېنى بولسا قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە سىقىپ چىقىرىلسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. \m \v 10 ئەمما ئىككىنچىسىنى بولسا بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.\x + \xo 5:10 \xt لاۋ. 1‏:15\x* \m \v 11 ئەگەر ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى كەلتۈرسۇن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچقا ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ئۈستىگە ھېچقانداق مەستىكى سالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر.\f* \v 12 ئۇ ئۇنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن ۋە كاھىن بۇنىڭدىن \add سۇنغۇچىنىڭ\add* «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە بىر چاڭگال ئېلىپ، شۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. \x + \xo 5:12 \xt لاۋ. 2‏:2؛ 4‏:35\x* \v 13 بۇ يول بىلەن ئۇ شۇ گۇناھلاردىن قايسىسىنى قىلغان بولسا، كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەلەردىكىگە ئوخشاش قالغان قىسمى كاھىنغا تەۋە بولىدۇ.\x + \xo 5:13 \xt لاۋ. 2‏:3\x* \m \v 14 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 15 بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ باھاسىنى سەن مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن. \f □ \fr 5:15 \ft \+bd «سەن... توختاتقىن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ئەمر مۇسا پەيغەمبەرنگە ئېيتىلغان؛ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى كاھىن مەسئۇل بولسا شۇنڭغىمۇ ئېيتىلىدۇ. \+bd «شەكەل»\+bd* ــ كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ مۇقەددەس جايدا ساقلانغان، مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك. \+bd «...ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ... ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «...ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن ياكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ ئورنىغا سەن كاھىن مۇقەددەس جايدىكى كۈمۈش شەكەلنىڭ بىرلىكى بويىچە توختاتقان باھا بويىچە كۈمۈش شەكەل كەلتۈرىسۇن».\f*  \x + \xo 5:15 \xt مىس. 30‏:13؛ لاۋ. 27‏:2-27.\x* \v 16 ئاندىن شۇ كىشى مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 5:16 \ft \+bd «... خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «زىيان» ئەسلىدە كەلتۈرۈش كېرەك بولغان بىر قۇربانلىق ياكى ھەدىيەنىڭ قىممىتىنى ياكى ناپاك ھالەتتە بۇلغاپ قويغان مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئۇنداق گۇناھ قىلغان كىشى: (1) بېجىرىم بىر قوچقار ئېلىپ كېلىدۇ؛ (2) كاھىن شۇ قوچقارغا باھا قويىدۇ؛ (3) قوچقارنىڭ باھاسى زىياندىن كەم بولسا شۇ كىشى تولدۇرىدۇ؛ (4) ئۇنىڭدىن باشقا زىيانغا بەشتىن بىرىنى قوشۇپ تۆلەيدۇ.\f* \m \v 17 ئەگەر بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرەرىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ؛ \v 18 شۇنداق بولسا، ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەتتە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ ئىتائەتسىزلىك گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. \m \v 19 بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. \b \b \m \c 6 \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئەگەر بىرسى گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، قوشنىسى ئۆزىگە ئامانەت ياكى كاپالەتكە بەرگەن بىر نەرسە ياكى قوشنىسىدىن زوراۋانلىق بىلەن بۇلۇۋالغان مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا يالغان گەپ قىلغان بولسا ياكى قوشنىسىدىن ناھەقلىق بىلەن مەلۇم نەرسىنى تارتىۋالغان بولسا، \v 3 ياكى يىتىپ كەتكەن بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تانسا ياكى كىشىلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشى توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچسە، \x + \xo 6:3 \xt چۆل. 5‏:6\x* \v 4 ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ بۇلىۋالغان ياكى ناھەق تارتىۋالغان نەرسە ياكى ئۇنىڭغا ئامانەتكە بېرىلگەن نەرسە بولسۇن، ياكى يىتىپ كېتىپ تېپىۋالغان نەرسە بولسۇن، \f □ \fr 6:4 \ft \+bd «ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە،...»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلسا،...».\f* \v 5 ياكى ئۇ ھەرقانداق نەرسە توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچكەن بولسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى تولۇق باھاسى بويىچە تۆلىسۇن، شۇنداقلا شۇ باھانىڭ بەشتىن بىر قىسمى بويىچە قوشۇپ تۆلىسۇن؛ ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى قىلغان كۈنىدە تۆلەمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن. \v 6 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەت بويىچە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلسۇن. \f □ \fr 6:6 \ft \+bd «سەن توختاتقان قىممەت بويىچە...»\+bd* ــ «سەن» بۇ يەردە ھارۇننى كۆرسىتىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى كاھىن مەسئۇل بولسا شۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. \m \v 8 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 9 سەن ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق بولىدۇ: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانگاھتىكى ئوچاقنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي يېنىق تۇرغۇزۇڭلار. \v 10 كاھىن كاناپ تونىنى كىيىپ، يالىڭاچلىقىنى يېپىپ، ساغرىسىغىچە كاناپ ئىچ تامبال كىيىپ تۇرسۇن؛ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ بىر تەرىپىدە قويسۇن؛ \v 11 ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن. \v 12 قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن. \v 13 ئۈزۈلمەس بىر ئوت قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ئۇ ھەرگىز ئۆچۈرۈلمىسۇن. \b \m \s1 ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاشلىق ھەدىيەلىرى \m \v 14 ئاشلىق ھەدىيە توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا، قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. \x + \xo 6:14 \xt چۆل. 15‏:4-21.\x* \v 15 ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ. \x + \xo 6:15 \xt لاۋ. 2‏:9\x* \v 16 ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. \v 17 ئۇ مۇتلەق ئېچىتقۇسىز پىشۇرۇلسۇن. مەن ئوتتا ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئىچىدىن شۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بولسۇن دەپ ئۇلارغا ھەق قىلىپ بەردىم؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلارغا ئوخشاش «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \v 18 ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگە ئاراڭلاردا ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغانلىرىدىن بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن. ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.\f □ \fr 6:18 \ft \+bd «ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭغا تەگكۈچى ھەرقانداق نەرسە مۇقەددەس نەرسە بولۇشى كېرەك».\f*  \x + \xo 6:18 \xt مىس. 29‏:37\x* \b \m \v 19 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 20 ھارۇن مەسىھلىنىدىغان كۈنىدە ئۇ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىدىغىنى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ــ ئۇلار ئۈزۈلمەس ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى سۇنۇشى كېرەك؛ ئەتىگىنى يېرىمىنى، ئاخشىمى يەنە يېرىمىنى سۇنسۇن. \f □ \fr 6:20 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر.\f* \v 21 ئۇ تاۋىدا زەيتۇن مېيى بىلەن ئېتىلسۇن؛ ئۇ زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر؛ ئاشلىق ھەدىيەنىڭ پىشۇرۇلغان پارچىلىرىنى خۇشبۇي سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغىن. \f □ \fr 6:21 \ft \+bd «... كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر»\+bd* ــ «سەن» بۇ يەردە ھارۇننى كۆرسىتىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى كاھىن مەسئۇل بولسا شۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 22 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ \add ھەدىيەنى\add* شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن. \v 23 كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن. \b \m \s1 گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام \m \v 24 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 25 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \v 26 گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن. \x + \xo 6:26 \xt ھوش. 4‏:8 \x* \v 27 ئۇنىڭ گۆشىگە قول تەگكۈزگۈچى ھەركىم مۇقەددەس بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر ئۇنىڭ قېنى بىرسىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كەتسە، ئۇنداقتا قان چېچىلغان جاي مۇقەددەس بىر يەردە يۇيۇلسۇن. \v 28 قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن. \v 29 كاھىنلاردىن بولغان بارلىق ئەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. بۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \m \v 30 ھالبۇكى، مۇقەددەس جايدا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى جامائەت چېدىرىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق گۇناھ قۇربانلىقى بولسا، ھەرگىز يېيىلمىسۇن، بەلكى \add پۈتۈنلەي\add* كۆيدۈرۈلسۇن.\x + \xo 6:30 \xt لاۋ. 4‏:5؛ ئىبر. 13‏:11\x* \b \b \m \c 7 \s1 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام \m \v 1 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ \add قۇربانلىق\add* «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \v 2 كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقىمۇ بوغۇزلىنىدۇ؛ \add كاھىن\add* قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. \v 3 \add قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى\add* بارلىق مېيىنى سۇنسۇن؛ يەنى مايلىق قۇيرۇقى بىلەن ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، \f □ \fr 7:3 \ft \+bd «قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».\f* \v 4 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجرىتىپ سۇنسۇن. \v 5 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ. \v 6 كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 7:6 \ft \+bd «مۇقەددەس يەردە»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر مۇقەددەس جاينىڭ ئەتراپىدىكى ھويلىنى كۆرسىتىدۇ، «مۇقەددەس چېدىر» («ئەڭ مۇقەددەس جاي» ۋە «مۇقەددەس جاي»)نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.\f* \m \v 7 گۇناھ قۇربانلىقى قانداق بولسا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى توغرىسىدكى قائىدە-نىزام ئوخشاش؛ بۇ قۇربانلىق كافارەت كەلتۈرۈشكە قۇربانلىق ئۆتكۈزگۈچى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن. \b \m \s1 كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەردىن كاھىنلارغا تېگىدىغان ئۈلۈشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە \m \v 8 كاھىن بىرسىنىڭ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى شۇ كاھىننىڭ بولىدۇ. \v 9 تونۇردا پىشۇرۇلغان ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، شۇنداقلا قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنى ئۆتكۈزگەن كاھىننىڭ بولىدۇ، يەنى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. \v 10 ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، مەيلى زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن بولسۇن، بۇلار ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ. \b \m \s1 ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام \m \v 11 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ \m \v 12 سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن. \f □ \fr 7:12 \ft \+bd «پېتىر توقاچلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:12 \xt زەب. 116‏:17\x* \v 13 شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛ \v 14 ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن \add قوش قوللاپ\add* سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى \add قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە\add* سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «كۆتۈرمە ھەدىيە»\+bd* ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئالاھىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاتىغان ھەدىيە. «كۆتۈرمە ھەدىيە» ئادەتتە قۇربانلىققا مەسئۇل كاھىنغا تەۋە بولىدۇ.\f* \v 15 تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ \add قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى\add* تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن.\f □ \fr 7:15 \ft \+bd «قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».\f* \m \v 16 ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛ \x + \xo 7:16 \xt لاۋ. 19‏:6\x* \v 17 لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. \v 18 ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. \m \v 19 شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم \add ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن\add* قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. \v 20 لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \f □ \fr 7:20 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنىڭ مۇنداق بىرنەچچە چۈشەنچىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (2) جامائەت ئۇنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ (3) جامائەت ئۇنى ئىبادەت سورۇنلىرىدىن ھەيدىۋېتىشى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇنى پالىۋېتىشى كېرەك؛ (4) ئۇنىڭدىن ھېچ نەسىل قالدۇرۇلمايدۇ. بىزنىڭچە باشقا ئايەتتە ئېنىق بۇيرۇق كۆرسىتىلمىگەچكە، مۇشۇ يەردە بىرىنچى چۈشەنچە (خۇدا ئۆزى شۇ ئادەمنى دۇنيادىن كەتكۈزىدۇ) توغرا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 7:20 \xt لاۋ. 15‏:3\x* \v 21 كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 7:21 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ 20-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 ئاددىي پۇقرالارغا قارىتىلغان بەلگىلىمىلەر \m \v 22 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 23 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار. \v 24 ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. \v 25 چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 7:25 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ 20-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 26 سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار. \x + \xo 7:26 \xt يار. 9‏:4؛ لاۋ. 3‏:17؛ 17‏:14\x* \v 27 كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 7:27 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ 20-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ كاھىنلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان قىسىملىرى \m \v 28 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 29 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن. \v 30 ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. \f □ \fr 7:30 \ft \+bd «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالاھىدە پۇلاڭلىتىدىغان ھەدىيەدۇر. «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» ئادەتتە بارلىق كاھىنلارغا تەۋە بولىدۇ.\f*  \x + \xo 7:30 \xt مىس. 29‏:24\x* \v 31 كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن. \m \v 32 ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار. \v 33 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن. \v 34 چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم.\f □ \fr 7:34 \ft \+bd «ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە»\+bd* ــ تەۋراتتىكى «ئەبەدىي» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ: (1) مەڭگۈ؛ (2) شۇ ۋاقىتتىكى چېكى بېكىتىلمىگەن، قەرەلسىز، مۆھلەتسىز ئۇزۇن بىر مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:34 \xt مىس. 29‏:27؛ چۆل. 18‏:11\x* \b \m \v 35 \add مۇسا\add* ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر. \f □ \fr 7:35 \ft \+bd «مۇسا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».\f* \v 36 \add مۇسا\add* ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ \add ئىسرائىللارغا\add* دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.\f □ \fr 7:36 \ft \+bd «مۇسا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».\f* \b \m \s1 خۇلاسە \m \v 37 كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا شۇدۇر. \f □ \fr 7:37 \ft \+bd «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»\+bd* ــ بۇ خىل قۇربانلىق ئىناقلىق قۇربانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ 8-باب، 22-32-ئايەتلەردە تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» «(قوللارنى) تولدۇرۇش قۇربانلىقى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ چۈنكى خۇدا بۇ مۇراسىم ئارقىلىق ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارنىڭ قوللىرىنى (1) قۇربانلىقلار بىلەن ۋە (2) كاھىنلىق مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرۇش بىلەن «تولدۇردى».\f* \v 38 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇ سىناي باياۋىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى. \b \b \m \c 8 \s1 كاھىنلارنىڭ خاس خىزمەتلەرگە ئايرىلىشى ــ «مىس.» 17:40-38نىمۇ كۆرۈڭ \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ \v 2 ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە، ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى، پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ، \f □ \fr 8:2 \ft \+bd «مەسىھلەش مېيى»\+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق «مىس.» 23:30-33نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:2 \xt مىس. 28‏:1، 2؛ 30‏:25\x* \v 3 \add ئىسرائىلنىڭ\add* پۈتۈن جامائىتىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن، ــ دېدى. \m \v 4 مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، جامائەت جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى. \v 5 ئاندىن مۇسا جامائەتكە: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىش مانا مۇنداق، ــ دېدى.\x + \xo 8:5 \xt مىس. 29‏:4\x* \b \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، \v 7 \add ھارۇنغا\add* كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى. \x + \xo 8:7 \xt مىس. 28‏:4\x* \v 8 ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ، \f □ \fr 8:8 \ft \+bd «ئەفود»، «قوشېن»، «ئۇرىم ۋە تۇممىم»\+bd* ــ كاھىنلىق كىيىملەر؛ «ئەفود»، «قوشېن» («مەيدىلىك») ۋە «ئۇرىم ۋە تۇممىم» توغرۇلۇق «مىس.» 28-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:8 \xt مىس. 28‏:30\x* \v 9 بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى.\x + \xo 8:9 \xt مىس. 28‏:36؛ 29‏:6\x* \b \m \v 10 ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. \v 11 ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا-قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. \v 12 ئۇ يەنە مەسىھلەش مېيىدىن ئازراق ئېلىپ ھارۇننىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. \x + \xo 8:12 \xt زەب. 133‏:2\x* \m \v 13 ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى.\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «ئېگىز بۆكلەر»\+bd* ــ بۇ سۆز ھارۇننىڭ باش كىيىمىدىن باشقا بىرخىل باش كىيىمنى، بەلكىم ئېگىزرەك بىرخىل باش كىيىمنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 8:13 \xt مىس. 29‏:9\x* \b \m \s1 كاھىنلارنى «خۇداغا ئاتاپ تىكلەش» قۇربانلىقلىرى \m \v 14 ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنى يېتىلەپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويدى. \x + \xo 8:14 \xt مىس. 29‏:1\x* \v 15 ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى، ئاندىن مۇسا قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چۆرىسىگە سۈرۈپ قۇربانگاھنى گۇناھتىن پاكلىدى؛ قالغان قاننى بولسا ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۆۋىگە تۆكۈپ، مۇقەددەس بولۇشقا كافارەت كەلتۈردى. \v 16 ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئالدى؛ ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. \f □ \fr 8:16 \ft \+bd «ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى...»\+bd* ــ «ئۇ» ھارۇننى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 17 بىراق \add مۇسا\add* تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن گۆشى ۋە تېزىكىنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.\f □ \fr 8:17 \ft \+bd «مۇسا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ» ــ مۇسانى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 8:17 \xt مىس. 29‏:14؛ لاۋ. 4‏:11\x* \m \v 18 ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. \f □ \fr 8:18 \ft \+bd «...ئۇ ... كەلتۈردى؛...»\+bd* ــ «ئۇ» مۇسانى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 19 \add ھارۇن قوچقارنى\add* بوغۇزلىدى؛ ئاندىن مۇسا قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى؛ \f □ \fr 8:19 \ft \+bd «ھارۇن قۇچقارنى بوغۇزلىدى؛»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ قۇچقارنى بوغۇزلىدى؛...».\f* \v 20 \add ھارۇن\add* قوچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛ ئاندىن مۇسا بېشىنى، پارچىلانغان گۆشلىرىنى بارلىق مېيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈردى. \f □ \fr 8:20 \ft \+bd «ھارۇن قۇچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ قۇچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛...».\f* \v 21 ئۈچەي-قېرىنلىرى بىلەن پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. ئاندىن مۇسا قوچقارنى پۈتۈن پېتى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق» ئىدى.\x + \xo 8:21 \xt مىس. 29‏:18\x* \m \v 22 ئاندىن ئۇ كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان قوچقارنى، ئىككىنچى قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. \v 23 ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى؛ ۋە مۇسا ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۇۋاپ قويدى. \f □ \fr 8:23 \ft \+bd «ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى...»\+bd* ــ «ئۇ» ھارۇننى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 24 ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاندىن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈردى، ئۇلارنىڭ ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارماقلىرىغىمۇ سۇۋاپ قويدى، قالغان قاننى مۇسا قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىگە سەپتى. \v 25 شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېيى بىلەن مايلىق قۇيرۇقىنى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي بىلەن جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا مېيىنى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئېلىپ ئوڭ ئارقا پۇتىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ، \x + \xo 8:25 \xt مىس. 29‏:22\x* \v 26 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر زەيتۇن ماي توقىچى ۋە بىر دانە ھەمەك ناننى ئېلىپ بۇلارنى ماي بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتنىڭ ئۈستىدە قويدى؛ \v 27 ئاندىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. \x + \xo 8:27 \xt مىس. 29‏:24\x* \v 28 ئاندىن مۇسا بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈردى. بۇ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق ئىدى. \v 29 ئاندىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە، «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولغان قوچقارنىڭ بۇ قىسمى مۇسانىڭ ئۈلۈشى ئىدى.\x + \xo 8:29 \xt مىس. 29‏:26؛ لاۋ. 7‏:33\x* \b \m \s1 ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى مەسىھ قىلىش \m \v 30 ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىدىن ۋە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن بىرئاز ئېلىپ، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھارۇن ۋە كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى مۇقەددەس قىلدى.\x + \xo 8:30 \xt مىس. 29‏:21\x* \m \v 31 مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «بۇ گۆشنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»غا تەۋە بولغان سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار؛ بۇلارنى ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن، دەپ بۇيرۇغىنىمدەك ئۇنى يەڭلار؛ \x + \xo 8:31 \xt مىس. 29‏:32؛ لاۋ. 24‏:9\x* \v 32 لېكىن گۆش بىلەن ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. \m \v 33 سىلەر يەتتە كۈنگىچە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىن چىقماي، خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش كۈنلىرىڭلار توشقۇچە شۇ يەردە تۇرۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنى خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش ئۈچۈن يەتتە كۈن كېتىدۇ.\f □ \fr 8:33 \ft \+bd «خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش» ئىبرانىي تىلىدا «قولنى تولدۇرۇش» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 37:7 ۋە «مىس.» 41:28 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. كاھىنلىق ۋەزىپىسى ئاساسەن خۇدانىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش بىلەن باشلىناتتى.\f* \m \v 34 بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى. \f □ \fr 8:34 \ft \+bd «بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار ... كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى»\+bd* ــ ياكى «سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ، بۈگۈن قىلىنغاندەك مۇندىن كېيىنمۇ ھەم قىلىنسۇن، دەپ پەرۋەردىگار بۇيرۇدى».\f* \v 35 سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى». \m \v 36 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. \b \b \m \c 9 \s1 كاھىنلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىدا باشلىنىشى \m \v 1 سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، \v 2 ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن گۇناھ قۇربانلىقىغا بېجىرىم بىر موزاينى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېجىرىم بىر قوچقارنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگىن، \x + \xo 9:2 \xt مىس. 29‏:1\x* \v 3 ئاندىن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە ئېلىپ كېلىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر موزاي ۋە بىر قوزا ئېلىپ كېلىڭلار، ھەر ئىككىسى بېجىرىم، بىر ياشقا كىرگەن بولسۇن؛ \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن». \b \m \v 5 ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى. \v 6 مۇسا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى. \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى.\x + \xo 9:7 \xt لاۋ. 16‏:6؛ ئىبر. 7‏:27\x* \b \m \v 8 شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى. \v 9 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى. \v 10 گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيى بىلەن ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى ئېلىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. \v 11 گۆش بىلەن تېرىسىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ ئوتتا كۆيدۈردى. \m \v 12 ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان \add قوچقارنى\add* بوغوزلىدى؛ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا قاننى سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. \v 13 ئاندىن ئۇلار پارچە-پارچە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بېشى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈردى. \v 14 ئۇ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، بۇلارنىمۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. \m \v 15 ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ قۇربانلىقىنى كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى بوغۇزلاپ، ئىلگىرى ھايۋاننى سۇنغاندەك ئۇنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ سۇندى. \x + \xo 9:15 \xt لاۋ. 4‏:13\x* \v 16 ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى كەلتۈرۈپ بۇنىمۇ بەلگىلىمە بويىچە سۇندى. \v 17 ئاندىن ئۇ ئاشلىق ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى.\f □ \fr 9:17 \ft \+bd «ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق»\+bd* ــ ھەر ئەتىگەندە سۇنۇلۇشى كېرەك بولغان قوزا قۇربانلىقى («مىس.» 38:29-40نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 9:17 \xt مىس. 29‏:38؛ لاۋ. 2‏:1\x* \b \m \v 18 ئاندىن خەلققە بولىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن قوچقارنى بوغۇزلىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. \v 19 ئۇلار تورپاق بىلەن قوچقارنىڭ ماي قىسمىنى، يەنى مايلىق قۇيرۇقى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان مايلىرىنى، ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ چاۋا مېيىنى ئېلىپ، \v 20 بۇ ماي پارچىلىرىنى ئىككى تۆشنىڭ ئۈستىدە قويدى، \add ھارۇن\add* بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. \f □ \fr 9:20 \ft \+bd «ھارۇن ... كۆيدۈردى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ... كۆيدۈردى».\f* \v 21 ئاخىرىدا ھارۇن ئىككى تۆش بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتىنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. \x + \xo 9:21 \xt لاۋ. 7‏:32\x* \v 22 ئاندىن ھارۇن قوللىرىنى خەلققە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى؛ ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، \add قۇربانگاھتىن\add* چۈشتى. \b \m \v 23 مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ، يەنە يېنىپ چىقىپ خەلققە بەخت تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل خەلققە ئايان بولدى؛ \v 24 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن مايلارنى يۇتۇپ كەتتى. پۈتكۈل خەلق بۇنى كۆرۈپ، توۋلىشىپ، دۈم يىقىلىشتى.\x + \xo 9:24 \xt 1پاد. 18‏:38؛ 2تار. 7‏:1\x* \b \b \m \c 10 \s1 ناداب بىلەن ئابىھۇ ۋە «غەيرىي ئوت» \m \v 1 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىھۇ ئىككىسى ئۆز خۇشبۇيدېنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇپ باقمىغان غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ \f □ \fr 10:1 \ft \+bd «غەيرىي ئوت»\+bd* ــ ناداب ۋە ئابىھۇ بەلكىم (1) خۇشبۇي پۇرىتىشتا چوغنى بەلكىم قۇربانگاھتىن باشقا بىر يەردىن ئالغان؛ (2) ئۇلار سۇنىدىغان خۇشبۇينى توغرا ئارىلاشتۇرمىغان («مىس.» 9:30نى كۆرۈڭ)؛ (3) ئۇلار خۇشبۇي سۇنغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمرلەرنىڭ بىرەرسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا كېرەك.\f* \v 2 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ ئۇلارنى يەۋەتتى؛ شۇئان ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى.\x + \xo 10:2 \xt چۆل. 3‏:4؛ 26‏:61؛ 1تار. 24‏:2\x* \m \v 3 مۇسا ھارۇنغا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «مەن ماڭا يېقىن كەلگەن ئادەملەردە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغلىنىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ھارۇن جىم تۇرۇپ قالدى.\x + \xo 10:3 \xt لاۋ. 8‏:35\x* \m \v 4 مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل بىلەن ئەلزافاننى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر يېقىن كېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار» ــ دېدى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى. \m \v 6 مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن. \v 7 ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى. \m شۇنى دېۋىدى، ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.\x + \xo 10:7 \xt لاۋ. 21‏:12\x* \b \m \s1 ھارۇن ۋە ئەۋلادلىرىغا تاپىلانغان بەلگىلىمىلەر \m \v 8 پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 9 «سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. \v 10 شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛ \v 11 شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر». \m \v 12 مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 10:12 \ft \+bd «ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر»\+bd* ــ «ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر»دىن بەزىدە بىر قىسىمى قالدۇرۇلۇپ، كاھىنغا ۋە بەزىدە سۇنغۇچى كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ يېيىشكە بېرىلىدۇ. قالغان قىسمى كۆيدۈرۈلىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 13 بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. \x + \xo 10:13 \xt لاۋ. 2‏:3؛ 6‏:16\x* \v 14 ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن. \v 15 ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ». \b \m \s1 گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى \m \v 16 ئاندىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىدىغان تېكىنى ئىزدىۋىدى، مانا ئۇ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ تىرىك قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ: \v 17 ــ نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا يېمىدىڭلار؟ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىناتتى، پەرۋەردىگار سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ، شۇنى سىلەرگە تەقسىم قىلغانىدى. \v 18 مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى؛ سىلەر ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى، ــ دېدى.\f □ \fr 10:18 \ft \+bd «ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى»\+bd* ــ كاھىنلار ۋە پۈتۈن خەلق جامائىتىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىدۇ؛ كاھىنلار مۇشۇ خىل قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشىگە بولمايتتى (1:4-21نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 10:18 \xt لاۋ. 4‏:5؛ 6‏:26؛ 16‏:27\x* \m \v 19 لېكىن ھارۇن مۇساغا: ــ مانا، بۇلار بۈگۈن \add توغرا ئىش قىلىپ\add* ئۆزلىرىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى؛ مېنىڭ بېشىمغا شۇ ئىشلار كەلدى؛ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ \add گۆشىنى\add* يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 20 مۇسا بۇنى ئاڭلاپ جاۋابىدىن رازى بولدى. \b \b \m \c 11 \s1 ھالال ۋە ھارام جانىۋارلار \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ \x + \xo 11:2 \xt قان. 14‏:4؛ روس. 10‏:14\x* \m \v 3 ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. \f □ \fr 11:3 \ft \+bd «كۆشىگۈچى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىككى-ئۈچ ئاشقازىنى بار ھايۋانلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوزۇقنى يۇمشاق چاينايدىغان بارلىق ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ \m تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. \m \v 5 سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «سۇغۇر»\+bd* ــ ياكى «سىچقان» ــ تاغلاردا ياشايدىغان كىچىك بىر ھايۋان.\f* \m \v 6 توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. \m \v 7 چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. \m \v 8 سىلەر شۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. \b \m \v 9 سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛ \v 10 لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. \m \v 11 مەزكۇر جانىۋارلار دەرۋەقە سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن؛ سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يىرگىنچلىك دەپ قاراڭلار. \v 12 سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى بىلەن قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. \b \m \s1 ھالال ۋە ھارام قۇشلار \m \v 13 ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى، \f □ \fr 11:13 \ft \+bd «قورۇلتاز-تاپقۇشلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇستىخان چاققۇچى قۇش». يەنى بىر تەرجىمىسى «بېلىقئالغۇچ».\f* \v 14 قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، \v 15 ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، \v 16 مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، \v 17 ھۇۋقۇش، قارنا، ئىبىس، \f □ \fr 11:17 \ft \+bd «ھۇۋقۇش»\+bd* ــ ياكى «كىچىك ھۇۋقۇش». \+bd «قارنا»\+bd* ــ ياكى «سۇغا سۇڭگۈگۈچى». بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس.\f* \v 18 ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، \f □ \fr 11:18 \ft \+bd «ئاققۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. \+bd «بېلىقئالغۇچ»\+bd* ــ ياكى «دوغداق»\f* \v 19 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن.\f □ \fr 11:19 \ft \+bd «تۇرنا»\+bd* ــ ياكى «قوتان». \+bd «...، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار...»\+bd* ــ بۇ تىزىملىكتىكى قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى نامى تەۋراتتا پەقەت بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايسى قۇشلار ئىكەنلىكىنى توپتوغرا بېكىتىش بەزىدە مۇمكىن بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تىپلىرى، شۈبھىسىزكى، تەرجىمىمىزدەك بولىدۇ.\f* \b \m \s1 ھالال ۋە ھارام ھاشارەتلەر \m \v 20 بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ. \v 21 ھالبۇكى، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ: ــ پۇتى بىلەن ئۈگىلىك پاچىقى بولۇپ، يەر يۈزىدە سەكرىيەلەيدىغانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان»\+bd* ــ ئىبرانىيلارنىڭ كۆزقارىشىچە ھاشارەتلەر تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى «قول» ھېسابلىنىدۇ.\f* \v 22 بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، قارا چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى. \v 23 لېكىن تۆت پۇتلۇق بولغان ئۆمىلىگۈچى ھەم ئۇچىدىغان ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن.\f □ \fr 11:23 \ft \+bd «سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ... چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى... ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن»\+bd* ــ «چېكەتكە»دىن باشقا، ئىبرانىي تىلىدىن بۇ ھاراشەتلەرنىڭ ناملىرىنى جەزملەشتۈرۈش تەس. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ھالال-ھارام ھايۋانلار ئۈستىدە توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 ئۆلۈكلەر توغرۇلۇق \m \v 24 بۇ جانىۋارلاردىنمۇ مۇنداق يول بىلەن ناپاك بولىسىلەر؛ بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. \v 25 كىمدەكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. \m \v 26 تۇياقلىرى ئاچىماق، بىراق پۈتۈنلەي بۆلۈنمىگەن ياكى كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر؛ ھەركىم \add ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە\add* تەگسە ناپاك سانالسۇن. \f □ \fr 11:26 \ft \+bd «ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەركىم ئۇلارغا تەگسە...» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى كۆرسىتىدۇ (24-ئايەتنى كۆرۈڭ). چۈنكى ئالايلى، ئېشەكنى مىنىش ئادەمنى ناپاك قىلمايدۇ.\f* \v 27 تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. \v 28 كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. \b \m \v 29 يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار: ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «چاشقان»\+bd* ــ ياكى «سېسىق كۈزەن».\f* \v 30 سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ. \f □ \fr 11:30 \ft \+bd «...، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار»\+bd* ــ «خامېلېئون»دىن باشقا جانىۋارلارنىڭ ناملىرىنى ئىبرانىي تىلىدىن جەزملەشتۈرۈش تەس.\f* \v 31 بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. \m \v 32 بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا-قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ.\x + \xo 11:32 \xt لاۋ. 15‏:12\x* \m \v 33 بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. \v 34 ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش-تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش-تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن. \v 35 ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن. \v 36 لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ. \v 37 ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ. \v 38 لېكىن ئەگەر داننىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك سانالسۇن. \m \v 39 ئەگەر سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 40 كىمكى ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ شۇنداقلا ئۇنداق بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \m \v 41 يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار يىرگىنچلىك سانىلىپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن. \v 42 قورسىقى بىلەن بېغىرلاپ ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، يەر يۈزىدە يۈرۈپ تۆت پۇتى بىلەن ياكى كۆپ پۇتلىرى بىلەن ماڭىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەرتۈرلۈكىنى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكدۇر. \m \v 43 سىلەر بولساڭلار مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى يىرگىنچلىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ئۇلار تۈپەيلىدىن ناپاك قىلماڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالىسىلەر؛ \v 44 چۈنكى مەن خۇدايىڭلاردۇرمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى \add ئۆزۈمگە\add* ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشىڭلار كېرەك؛ مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس تۇتۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق ھەرقانداق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك قىلماڭلار. \x + \xo 11:44 \xt لاۋ. 19‏:2؛ 20‏:7؛ 1پېت. 1‏:16\x* \v 45 چۈنكى مەن ئۆز خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ سىلەر مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. \m \v 46 شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. \v 47 بۇلار بىلەن ھارام-ھالالنى ئۇقۇپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان بىلەن يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. \b \b \m \c 12 \s1 ئايال كىشىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى «پاكلىنىشى» \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرىدىكىدەك يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن. \f □ \fr 12:2 \ft \+bd «ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايرىم تۇرۇش كۈنلىرى». قىز-ئاياللار ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا «ناپاك» ھېسابلىنىپ، ئېرى بىلەن بىللە بولسا ئېرىمۇ كەچ كىرگۈچە «ناپاك» ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرسە ياكى قۇربانلىقلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېسە بولمايدۇ. لېكىن تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەرقانداق ۋاقىتلاردا خۇدانىڭ خەلقى دۇئا-ئىبادەت قىلسا بولىۋېرىدۇ!\f* \v 3 سەككىزىنچى كۈنى ئوغلى بولسا خەتنە قىلىنسۇن. \f □ \fr 12:3 \ft \+bd «خەتنە قىلىنسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ خەتنىلىكى كېسىلسۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 12:3 \xt يار. 17‏:12؛ لۇقا 1‏:59؛ 2‏:21؛ يـۇھ. 7‏:22\x* \v 4 ئايال بولسا شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن؛ پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولمىغۇچە ھېچبىر مۇقەددەس نەرسىگە تەگمىسۇن، مۇقەددەس جايغىمۇ كىرمىسۇن. \f □ \fr 12:4 \ft \+bd «شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن»\+bd* ــ ئايال ئۆز ئېرىگە يېقىنلىشىش تەرەپتە «پاك» ھېسابلىناتتى، لېكىن مۇقەددەس چېدىرغا كىرىپ قۇربانلىق قىلىشقا بولمايتتى.\f* \v 5 ئەگەر ئۇ قىز تۇغسا ئۇنداقتا ئادەت كۈنلىرىدىكىدەك ئىككى ھەپتىگىچە ناپاك تۇرۇپ، ئاندىن ئاتمىش ئالتە كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن. \m \v 6 مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تۇغسۇن، قان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەن قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر باچكا ياكى پاختەكنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. \v 7 كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، شۇ ئايال ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇنىدىن پاك بولىدۇ. ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر. \m \v 8 ئەگەر ئۇنىڭ قوزىغا قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا كەلتۈرسۇن؛ ئۇلارنىڭ بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، يەنە بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئايال پاك بولىدۇ.\f □ \fr 12:8 \ft \+bd «ئەگەر ئۇنىڭ قوزىغا قۇربى يەتمىسە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئەگەر ئۇنىڭ قوزا ئېلىشقا قولى قىسقىلىق قىلسا...». \+bd «ئۇ ئايال پاك بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ بابتىكى «ئاياللارنىڭ پاكلىقى» دېگەن تېما توغرۇلۇق كۆپ ئۇقۇشماسلىقلار بولغاچغا، بىز ئۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 13 \s1 ھەرخىل تېرە كېسەللىرى توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەر \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە بىر چىقان، ياكى تەمرەتكە ياكى پارقىراق تاشما چىقىپ، ئۇنىڭدىن بەدىنىنىڭ تېرىسىدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ جاراھىتى پەيدا بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھارۇن كاھىننىڭ ياكى ئۇنىڭ كاھىن ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن. \f □ \fr 13:2 \ft \+bd «بەدىنىنىڭ تېرىسىدە»\+bd* ــ دېمەك، ساقال ياكى چاچلىرى ئىچىدە ئەمەس (29-37نىمۇ كۆرۈڭ). \+bd «پېسە-ماخاۋ»\+bd* ــ بۇ بابلاردىكى «پېسە-ماخاۋ» كېسىلى پەقەت ماخاۋ كېسىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 3 كاھىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ جاراھىتىگە قارايدۇ؛ جاراھەت بولغان جاينىڭ تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن ھەمدە جاراھەتمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، بۇ پېسە-ماخاۋ كېسەللىكىدۇر. شۇڭا كاھىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. \m \v 4 لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدىكى پەيدا بولغان ئاشۇ يالتىراق چىقان ئاق بولۇپ، ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنمىسە ۋە تۈكىمۇ ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن بۇ جاراھەت بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. \v 5 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا قارىسۇن ۋە ئەگەر جاراھەت ئوخشاش تۇرۇپ، تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن ئۇنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. \v 6 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە جاراھەتنىڭ رەڭگى سۇسلاشقان ۋە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ جاراھەتنىڭ پەقەت بىر چاقا ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كېسەل كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ پاك سانالسۇن. \m \v 7 لېكىن ئەگەر ئۇ كاھىنغا كۆرۈنۈپ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن شۇ چاقا تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بىر قېتىم كاھىنغا كۆرۈنسۇن. \v 8 كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە ئەگەر چاقا ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ جاراھەت پېسە-ماخاۋدۇر. \m \v 9 ئەگەر بىركىمدە پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پەيدا بولۇپ قالسا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن. \v 10 كاھىن ئۇنىڭ جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ۋە ئەگەر تېرىسىدە ئاق بىر چىقان پەيدا بولغان، تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا ۋە چىقان چىققان جايدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالغان بولسا، \v 11 بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن كونا پېسە-ماخاۋ جاراھىتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشى بولۇپ، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئۇ ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى سولاشنىڭ ھاجىتى يوق. \m \v 12 لېكىن ئەگەر پېسە-ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە-ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا، \v 13 ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ مانا، شۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئۇ جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «پاك» دەپ سانالسۇن. \m \v 14 لېكىن قاچانىكى ئۇنىڭدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇ كىشى ناپاك سانالسۇن. \v 15 كاھىن مۇنداق كۆرۈنگەن ئەت-گۆشىگە قاراپ، ئۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى شۇ ئەت-گۆش ناپاك بولۇپ، ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. \m \v 16 ھالبۇكى، ئەگەر ئەت-گۆشى قايتىدىن ئۆزگىرىپ، ئاقارسا ئۇ كىشى يەنە كاھىننىڭ قېشىغا كەلسۇن. \v 17 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ جاراھەت ئاقارغان بولسا، كاھىن جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ پاك سانىلىدۇ. \m \v 18 ئەگەر بىركىمنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە ھۈررەك چىقىپ ساقىيىپ، \v 19 ھۈررەكنىڭ ئورنىدا ئاق چىقان ياكى قىزغۇچ داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. \v 20 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر. \m \v 21 لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، داغ چىققان جايدا ئاقىرىپ قالغان تۈكلەر بولمىسا، ۋە داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولمىسا، رەڭگى سەل سۇسراق بولغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. \v 22 ئەگەر داغ دەرۋەقە تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ \add پېسە-ماخاۋ\add* جاراھىتىدۇر. \m \v 23 ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ پەقەت ھۈررەكنىڭ زەخمى، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. \b \m \s1 كۆيۈك يارىسى توغرۇلۇق \m \v 24 ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ مەلۇم جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جاي ئاق-قىزغۇچ ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا، \v 25 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر. \m \v 26 لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، داغنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئاقىرىپ كەتكەن تۈك بولمىسا، شۇنداقلا داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق بولمىسا، بەلكى رەڭگى سۇس بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. \v 27 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن؛ داغ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر. \m \v 28 ئەمما ئەگەر داغ جايىدا توختاپ، يېيىلمىغان بولسا، شۇنداقلا رەڭگى سۇس بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن بولغان چاۋارتقۇ، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ كۆيۈكنىڭ تاتۇقى، خالاس. \b \m \s1 چاچ ياكى ساقال ئىچىدە پەيدا بولغان جاراھەتلەر \m \v 29 ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بېشىدا ياكى ساقىلىدا جاراھەت پەيدا بولسا، \v 30 كاھىن جاراھەتكە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر جاراھەت ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، ئۈستىدە شالاڭ سېرىق تۈك بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ جاراھەت قاقاچ بولۇپ، باش ياكى ساقالدىكى پېسە-ماخاۋنىڭ ئالامىتىدۇر. \m \v 31 ئەگەر كاھىن قاقاچ جايغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق قارا تۈكمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. \v 32 كاھىن يەتتىنچى كۈنى قاقاچقا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ قاقاچ كېڭىيىپ كەتمەي، ئۈستىدىمۇ ھېچقانداق سېرىق تۈك بولمىسا، شۇنداقلا قاقاچ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، \v 33 جاراھىتى بار كىشى بارلىق چاچ-ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن؛ قاقاچنىڭ ئۆزىنى غىردىمىسۇن. كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. \v 34 يەتتىنچى كۈنى كاھىن قاقاچقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن ئۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاك سانىلىدۇ. \m \v 35 لېكىن ئەگەر ئۇ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتسە، \v 36 كاھىن ئۇنىڭغا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، سېرىق تۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى بۇ كىشى ناپاكتۇر. \v 37 ئەگەر قاقاچ جايىدا شۇ پېتى قېلىپ، ئۈستىدىن قارا تۈك ئۈنۈپ چىققان بولسا، قاقاچ ساقايغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى پاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىشى كېرەك. \m \v 38 ئەگەر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە داغ پەيدا بولۇپ، بۇ داغلار پارقىراق ھەم ئاق بولسا \v 39 كاھىن سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسىدىكى شۇ داغلار سۇسلىشىپ بوز رەڭگە يۈزلەنگەن بولسا، بۇ تېرىدىن چىققان بىر تاشما، خالاس؛ بۇ كىشى پاك سانالسۇن. \b \m \s1 پاينەكباش توغرۇلۇق \m \v 40 ئەگەر بىركىمنىڭ بېشىنىڭ تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پەقەت بىر تاقىر باش، خالاس؛ ئۇ پاك سانالسۇن. \v 41 ئەگەر ئۇنىڭ بېشىنىڭ تۈكى پېشانە تەرىپىدىن چۈشكەن بولسا، ئۇ پەقەت پاينەكباش، خالاس؛ ئۇ يەنىلا پاك سانالسۇن. \v 42 لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدا قىزغۇچ ئاق داغ كۆرۈنسە، ئۇنداقتا شۇ جاراھەت ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدىكى پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. \v 43 كاھىن جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشىدا ياكى پاينەك بېشىدا ئىششىق جاراھەت بولسا ھەمدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدەك قىزغۇچ ئاق كۆرۈنسە، \v 44 ئۇنداقتا ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم بولۇپ، ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق جاراھەت چۈشكەن بولغاچ، كاھىن ئۇنى مۇتلەق «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. \m \v 45 شۇنداق جاراھىتى بار پېسە-ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت-ساقىلى يېپىقلىق ھالدا: «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك. \f □ \fr 13:45 \ft \+bd «چاچلىرى چۇۋۇق»\+bd* ــ ياكى «بېشى ئوچۇق».\f*  \x + \xo 13:45 \xt يىغ. 4‏:15\x* \v 46 شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن. \b \m \s1 كىيىم-كېچەك، رەخت ياكى تېرە-خۇرۇملاردا پەيدا بولغان «پېسە-ماخاۋ» كېسىلى \m \v 47 ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى پەيدا بولسا، \f □ \fr 13:47 \ft \+bd «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پېسە-ماخاۋ يارىسى».\f* \v 48 يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى بولسا، \f □ \fr 13:48 \ft \+bd «ئۆرۈش يىپىدا»\+bd* ــ ياكى «تەگ يىپى» ــ توقۇلمىلارنىڭ بويىغا تارتىلغان يىپى.\f* \v 49 شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. \f □ \fr 13:49 \ft \+bd «...كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا ... پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان «پېسە-ماخاۋ كېسىلى»نىڭ رەخت-كىيىمگە ياكى تېرە-خۇرۇمغا يۇقۇشى بەلكىم ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق ئىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 50 كاھىن \add داغقا\add* سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز-داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن. \v 51 ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز-داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز-داغ چۈشكەن كىيىم-كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز-داغ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن. \v 52 شۇنىڭدەك كاھىن ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپىدا ئىز-داغ بولسا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە شۇنداق ئىز-داغ بولسا ئۇلارنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتسۇن؛ چۈنكى بۇ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر. \m \v 53 لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتىكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ئارقاق يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئىز-داغ كېڭەيمىگەن بولسا، \v 54 ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن. \v 55 بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز-دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز-داغ ھېسابلىنىدۇ. \m \v 56 لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم-كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن. \v 57 ئەگەر بۇ ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە كۆرۈنسۇن، بۇ كېڭىيدىغان بىرخىل پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى دەپ سانالسۇن؛ سەن ئۇ چاپلاشقان كىيىم-كېچەكنى كۆيدۈرۈۋەتكىن. \v 58 لېكىن ئەگەر ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە بولسۇن (ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپىدا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، يۇيۇلۇش بىلەن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئېگىن ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك سانالسۇن. \m \v 59 پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭكىدەك ئىز-داغ پەيدا بولغان يۇڭ ياكى كاناپ رەختتىن توقۇلغان كىيىم-كېچەك (ئىز-داغ ئۆرۈش يىپتا ياكى ئارقاق يىپتا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاك ياكى ناپاك جاكارلاشقا بولىدۇ. \b \b \m \c 14 \s1 پېسە-ماخاۋ كېسەللىرىدىن پاكلىنىش بەلگىلىمىلىرى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى پاك قىلىنىدىغان كۈنىدە بەجا قىلىش كېرەك بولغان قانۇن-بەلگىلىمە مانا تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ ئۇ كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. \x + \xo 14:2 \xt مات. 8‏:4؛ مار. 1‏:44؛ لۇقا 5‏:14؛ 17‏:14\x* \v 3 كاھىن چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ، پېسە-ماخاۋ بولغان كىشىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، \v 4 ئۇنداقتا كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە پاك، تىرىك قۇشتىن ئىككىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسۇن. \f □ \fr 14:4 \ft \+bd «قىزىل رەخت»\+bd* ــ ياكى «قىزىل يىپ». \+bd «زوفا»\+bd* ــ بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ باشقا بىر ئىسمى «لېپەكگۈل».\f* \v 5 ئاندىن كاھىن قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلاڭلار دەپ بۇيرۇسۇن؛ \f □ \fr 14:5 \ft \+bd «ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە...»\+bd* ــ ياكى «ئېقىن سۇ ئۈستىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە...».\f* \v 6 ئاندىن تىرىك قۇشنى بولسا، كاھىن ئۇنى كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا بىلەن ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قۇش بىلەن بىرگە ئېقىن سۇنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا چىلىسۇن، \v 7 ئاندىن پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە يەتتە قېتىم سېپىشى بىلەن ئۇنى پاك دەپ جاكارلىسۇن؛ ۋە تىرىك قۇشنى دالاغا قويۇپ بەرسۇن. \b \m \s1 «پاك قىلىنىش»تىكى يەتتە كۈن \m \v 8 پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىدىكى بارلىق تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پاك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا چېدىرگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ؛ پەقەت ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ تېشىدا تۇرۇشى كېرەك. \v 9 يەتتىنچى كۈنى ئۇ بەدىنىدىكى ھەممە تۈكلەرنى چۈشۈرسۇن؛ باشنىڭ چاچ-ساقاللىرى ۋە قېشىنى، يەنى بارلىق تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن؛ ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن پاك بولىدۇ. \b \m \s1 سەككىزىنچى كۈنى \m \v 10 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى بېجىرىم ئەركەك قوزا بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم چىشى قوزىدىن بىرنى، شۇنىڭدەك بىر \add ئەفاھنىڭ\add* ئوندىن ئۈچىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن «ئاشلىق ھەدىيە»نى، بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن. \f □ \fr 14:10 \ft \+bd «بىر لوگ»\+bd* ــ بەلكىم تەخمىنەن بىر لېترنىڭ يېرىمى بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 11 ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلايدىغان بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلسۇن. \v 12 ئاندىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. \v 13 قوزا بولسا مۇقەددەس بىر جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولسا گۇناھ قۇربانلىقىغا ئوخشاش، كاھىنغا تەۋە بولۇپ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» سانىلىدۇ.\f □ \fr 14:13 \ft \+bd «مۇقەددەس بىر جاي»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس جاينىڭ ھويلىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 14:13 \xt لاۋ. 7‏:7\x* \m \v 14 كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۈرۈپ قويسۇن. \v 15 ئاندىن كاھىن شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىدىن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن. \v 16 كاھىن ئوڭ بارمىقىنى سول قولىدىكى زەيتۇن مېيىغا چىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم بارمىقى بىلەن سەپسۇن. \m \v 17 ئاندىن كاھىن قولىدىكى قالغان مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈلگەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قويسۇن. \v 18 سۈرۈپ بولۇپ، كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ماينى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. \v 19 ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاك قىلىشقا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بوغۇزلىسۇن. \v 20 كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قۇربانگاھتا سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇ كىشى پاك بولىدۇ. \m \v 21 لېكىن ئۇ كەمبەغەللىكتىن شۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۆزىگە كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئاشلىق ھەدىيە ئۈچۈن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بىلەن بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن \f □ \fr 14:21 \ft \+bd «كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ... يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نىڭ سەۋەب-مەقسىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ ــ كېسەل بولغان كىشى كېسىلى تۈپەيلىدىن خۇداغا ھېچقانداق قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنالمىسا، شۇ ۋاقىتتىكى سۇنمىغان قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن خۇداغا قەرزدار دەپ ھېسابلىنىدۇ. «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى» بولسا بۇ قەرزنىڭ ئورنىدا بولاتتى. مەسىلەن مەزكۇر كىتاب، 5-باب، 14-19-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 22 ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛ \v 23 سەككىزىنچى كۈنى بۇلارنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. \v 24 كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا بىلەن شۇ بىر لوگ ماينى ئېلىپ، بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. \v 25 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزىنى بولسا ئۆزى بوغۇزلىسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرسۇن. \v 26 ئاندىن كاھىن مايدىن ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن. \v 27 شۇنداق قىلىپ، كاھىن ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى مايدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن. \v 28 ئاندىن كاھىن ئۆزى قولىدىكى مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرسۇن. \v 29 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىن قولىدىكى ماينىڭ قالغىنىنى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن؛ \v 30 ئاندىن شۇ كىشى ئۆز قۇربىغا قاراپ پاختەكتىن بىرنى ياكى باچكىدىن بىرنى سۇنسۇن؛ \v 31 ئۆز قۇربىغا قاراپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە سۇنسۇن. بۇ يولدا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. \m \v 32 ئۆزىدە پېسە-ماخاۋ بولغان، پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. \b \m \s1 پېسە-ماخاۋ كېسىلى باسقان ئۆيلەر توغرۇلۇق \m \v 33 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ \v 34 ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن سىلەر ئىگە بولىدىغان شۇ زېمىندىكى بىر ئۆيگە بىرخىل پېسە-ماخاۋ يارىسىنى ئەۋەتسەم، \v 35 ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى مەلۇم قىلىپ: «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»، دەپ مەلۇم قىلىشى كېرەك.\f □ \fr 14:35 \ft \+bd «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان «پېسە-ماخاۋ كېسىلى»نىڭ ئۆيلەرگە يۇقۇشى بەلكىم ئادەمنى ھەيران قىلارلىق ئىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 36 كاھىن بولسا: ــ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر ناپاك بولمىسۇن ئۈچۈن مەن بېرىپ بۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قاراشتىن بۇرۇن ئۆينى بىكارلاڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. ئاندىن كاھىن كىرىپ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىسۇن. \v 37 ئۇ شۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئۆينىڭ تاملىرىغا ۋابا داغلىرى يۇققان جايلار كاۋاك بولسا، ھەم يېشىلغا مايىل ياكى قىزغۇچ بولۇپ، تامنىڭ يۈزىدىن قېنىقراق بولسا، \f □ \fr 14:37 \ft \+bd «... كاۋاك بولسا»\+bd* ــ ياكى «تومپىيىپ چىققان بولسا». ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز مۇقەددەس كىتابتا بىرلا قېتىم تېپىلىدۇ.\f* \v 38 كاھىن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىشىكنى يەتتە كۈنگىچە تاقاپ قويسۇن. \v 39 ئاندىن كاھىن يەتتىنچى كۈنى يېنىپ كېلىپ، سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىدىكى ئىز-داغ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، \v 40 كاھىن: ــ ۋابا يۇققان تاشلارنى چىقىرىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. \v 41 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ تۆت ئەتراپىنى قىردورسۇن ۋە ئۇلار قىرغان سۇۋاقنى بولسا شەھەرنىڭ تېشىدىكى ناپاك بىر جايغا تۆكۈۋەتسۇن. \v 42 ئاندىن ئۇلار باشقا تاشلارنى ئېلىپ، ئىلگىرىكى تاشلارنىڭ ئورنىدا قويسۇن ۋە باشقا ھاك لاي ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆينى قايتىدىن سۇۋىسۇن. \m \v 43 ئەگەر ئۇ تاشلارنى چىقىرىپ، ئۆينى قىردۇرۇپ قايتىدىن سۇۋاتقاندىن كېيىن، ئۆيدە ۋابا دېغى يەنە پەيدا بولسا، \v 44 ئۇنداقتا كاھىن يەنە كىرىپ بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئىز-داغ ئۆيدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۆيگە يۇققىنى چىرىتكۈچ ۋابا بولىدۇ؛ ئۆي ناپاك سانىلىدۇ. \v 45 بۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆينى، يەنى ياغاچ-تاش ۋە بارلىق سۇۋىقى بىلەن بىللە چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋەتسۇن. \v 46 كىمدەكىم ئۆي تاقالغان مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىرسە، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. \v 47 ئەگەر بىركىم ئۆي ئىچىدە ياتقان بولسا، كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ ۋە ئەگەر بىرسى ئۆيدە غىزالانغان بولسا، ئۇمۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن. \v 48 لېكىن كاھىن كىرىپ، ئۆيگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا ئۆي سۇۋالغاندىن كېيىن ۋابا ئۇنىڭدا كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۆينى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىكى ۋابا ساقايغان بولىدۇ. \m \v 49 ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى قۇش، كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت بىلەن زوفا ئېلىپ كېلىپ، \v 50 قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلىسۇن؛ \f □ \fr 14:50 \ft \+bd «... ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە»\+bd* ــ ياكى «... ئېقىن سۇ ئۈستىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە».\f* \v 51 ئاندىن ئۇ كېدىر ياغىچى، زوفا، قىزىل رەخت ۋە تىرىك قۇشنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا، شۇنداقلا ئېقىن سۇغا چىلاپ، ئۆيگە يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن؛ \v 52 بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆينى قۇشنىڭ قېنى، ئېقىن سۇ، تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، زوفا ۋە قىزىل رەخت ئارقىلىق ناپاكلىقتىن پاكلايدۇ. \v 53 ئاندىن ئۇ تىرىك قۇشنى شەھەرنىڭ سىرتىدا، دالادا قويۇپ بەرسۇن. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆي پاك سانىلىدۇ. \m \v 54 بۇلار بولسا ھەرخىل پېسە-ماخاۋ جاراھىتى، قاقاچ، \v 55 كىيىم-كېچەك ۋە ئۆيگە يۇققان پېسە-ماخاۋ ۋاباسى، \v 56 تېرىدىكى چىقانلار، تەمرەتكە ۋە پارقىراق ئاق ئىز-داغلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. \v 57 شۇ بەلگىلىمىلەر بىلەن بىر نەرسىنىڭ قايسى ئەھۋالدا ناپاك، قايسى ئەھۋالدا پاك بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشكە كۆرسەتمە بېرىشكە بولىدۇ؛ مانا بۇ پېسە-ماخاۋ توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. \b \b \m \c 15 \s1 ئاقما توغرۇلۇق \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئىسرائىللارغا مۇنداق دەڭلار: ــ ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا شۇ كىشى شۇ ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك سانالسۇن. \f □ \fr 15:2 \ft \+bd «...ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا...»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردىكى «ئەركەكنىڭ تېنى» دېگەن سۆز كۆپ يەرلەردە ئەۋرەت، ئۇيات يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 ئاقما چىقىشتىن بولغان ناپاكلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقمىسى مەيلى تېنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن ياكى ئېقىشتىن توختىتىلغان بولسۇن، شۇ كىشى يەنىلا ناپاك سانالسۇن؛ \v 4 مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپە ناپاك سانىلىدۇ ۋە ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ. \v 5 كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن-كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 6 شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 7 كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 8 ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \m \v 9 قايسىبىر ئېگەر-توقۇمنىڭ ئۈستىگە \add ئاقما بولغان\add* كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن. \v 10 كىمكى ئۇنىڭ تېگىدە قويۇلغان نەرسىلەرگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ؛ ۋە كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \m \v 11 ئاقما بولغان كىشى قولىنى يۇماستىن بىركىمگە تەگكۈزسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 12 ئاقما بولغان كىشى ساپال قاچىنى تۇتۇپ سالسا، شۇ قاچا چېقىۋېتىلسۇن؛ ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن.\x + \xo 15:12 \xt لاۋ. 6‏:21؛ 11‏:33\x* \b \m \s1 «ئاقمىدىن پاكلىنىش» توغرۇلۇق \m \v 13 قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ. \v 14 سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن. \v 15 كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ. \m \v 16 ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 17 شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \m \v 18 ئەر ۋە ئايال كىشى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \b \m \s1 ئايال كىشىلەردىكى ئاقما كېلىش توغرۇلۇق \m \v 19 ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \f □ \fr 15:19 \ft \+bd «ئاقما كېلىش ھالىتى»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردە كۆرسىلىتىلگەن ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەۋرەت، ئۇيات يەرلىرىدىكى ھالەتلەتنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «ئايرىم»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئايرىم» ــ ئايرىم سولاپ قويۇلسۇن دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ (مەسىلەن، 24-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 20 «ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن. \v 21 ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 22 ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \v 23 ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \m \v 24 ئەگەر بىر ئەر كىشى شۇ ھالەتتىكى ئايال بىلەن بىرگە ياتسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇن ناپاكلىقى شۇ ئەرگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن؛ ئۇ ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپىمۇ ناپاك سانالسۇن.\f □ \fr 15:24 \ft \+bd «خۇن ناپاكلىقى»\+bd* ــ ئەر-ئايال بىللە ياتقاندا ئايالنىڭ ئادىتى تۇيۇقسىز كېلىپ قېلىپ، خۇن قېنى تاسادىپىيلىقتىن ئەر كىشىگە تېگىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئايالنىڭ ئادەت كۆرگىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان بولسا، ئۇنداقتا ھەر ئىككىسى (ئايال كىشى مەجبۇرلانمىغان بولسا، ئەلۋەتتە) خۇدانىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان جازاسىغا ئۇچرايدۇ (18:20نى كۆرۈڭ). شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ بۇ ئەمردىكى مەقسىتى، ئايال كىشىلەرگە ئاينىڭ ئەڭ قىيىن ۋاقتىدا ئارام بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى.\f*  \x + \xo 15:24 \xt لاۋ. 18‏:19\x* \m \v 25 ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەت ۋاقتىنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە كۈنگىچە خۇنى كېلىپ تۇرسا، ياكى خۇن ئاقمىسى ئادەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە تۇرغاندەك سانالسۇن، يەنە ناپاك سانالسۇن. \x + \xo 15:25 \xt مات. 9‏:20\x* \v 26 قان كەلگەن ھەربىر كۈندە ئۇ قايسى ئورۇن-كۆرپە ئۈستىدە ياتسا، بۇلار ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە ياتقان ئورۇن-كۆرپىلەردەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسە ئادەت كۈنلىرىنىڭ ناپاكلىقىدەك ناپاك سانالسۇن. \v 27 ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. \b \m \s1 ئايال كىشىلەرنىڭ ھەيىزدىن باشقا خۇن كېلىشتىن پاكلىنىشى \m \v 28 ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ. \v 29 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. \v 30 كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆتكۈزسۇن؛ بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئاقما قېنىدىن پاك بولۇشىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. \b \m \s1 خۇلاسە \m \v 31 سىلەر مۇشۇ يول بىلەن ئىسرائىللارنى ناپاكلىقىدىن ئۈزۈڭلار؛ بولمىسا، ئۇلار ناپاكلىقىدا تۇرىۋېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىمنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ناپاك ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. \v 32 ئاقما كېلىش ھالىتىدە بولغان كىشى ۋە مەنىي كېتىش بىلەن ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا، \v 33 شۇنىڭدەك خۇن كېلىش كۈنلىرىدىكى ئاغرىق ئايال كىشى توغرۇلۇق، ئاقما ھالەتتە بولغان ئەر ۋە ئايال توغرۇلۇق، ناپاك ھالەتتىكى ئايال بىللە ياتقان ئەر توغرۇلۇق كەلگەن قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. \b \b \m \c 16 \s1 «كافارەت كۈنى» \m \v 1 ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. \x + \xo 16:1 \xt لاۋ. 10‏:1، 2\x* \v 2 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئۆز قېرىندىشىڭ ھارۇنغا: «سەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن پەردىنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت كەلمە»، دېگىن. چۈنكى مەن «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتتا ئايان بولىمەن. \x + \xo 16:2 \xt مىس. 30‏:10؛ ئىبر. 9‏:7\x* \v 3 ھارۇن \add ئەڭ\add* مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛ \v 4 ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن.\f □ \fr 16:4 \ft \+bd «ئەتلىرى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئەتلىرى» دېگەن سۆز ئەۋرەت، ئۇيات يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن. \v 6 شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك. \x + \xo 16:6 \xt ئىبر. 7‏:28،27\x* \v 7 ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن. \v 8 ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن. \f □ \fr 16:8 \ft \+bd «ئازازەل»\+bd* ــ ئالىملار «ئازازەل» توغرۇلۇق تۆت پىكىردە بولۇپ كەلگەن: (1) بۇ ئىسىم «تېكە» بىلەن «ھەيدەلمەك» دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، «ھەيدىۋەتگەن تېكە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ (2) «ۋەيرانە قىلىش» ياكى «ئېلىپ تاشلىنىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ (3) تىك بىر يار؛ (4) بىر خىل جىن-ئالۋاستىنىڭ ئىسمى. بىز بىرىنچى ياكى ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز (ئىككىلىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز. ھېچ بولمىغاندا تۆتىنچى پىكىرنى ئەڭ نامۇۋاپىق دەپ قارايمىز؛ 23-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.\f* \v 9 ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. \v 10 لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كافارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن. \v 11 ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛ \v 12 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛ \v 13 ئاندىن خۇشبۇي ئىس-تۈتىكى ھۆكۈم-گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ. \v 14 ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كافارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن.\f □ \fr 16:14 \ft \+bd «شەرق(ىي) تەرىپى»\+bd* ــ ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپى. \+bd «كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ»\+bd* ــ بەلكىم كافارەت تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەر يۈزىگە.\f*  \x + \xo 16:14 \xt لاۋ. 4‏:6؛ ئىبر. 9‏:25؛ 10‏:4\x* \m \v 15 ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كافارەت تەختىگە ۋە كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. \v 16 ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن. \v 17 ئۇ كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. \m \v 18 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛ \f □ \fr 16:18 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھ»\+bd* ــ (1) مۇقەددەس جايدىكى «خۇشبۇيگاھ» ياكى (2) ھويلىدىكى قۇربانگاھنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە، 20-ئايەتتىكى سۆزلەردىن (ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈچ قىسمى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن) قارىغاندا، مۇقەددەس جايدىكى خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 19 ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ \add خۇداغا ئاتاپ\add* مۇقەددەس قىلىدۇ. \b \m \s1 گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تىرىك تېكە توغرۇلۇق \m \v 20 ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛ \v 21 ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. \v 22 بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن.\f □ \fr 16:22 \ft \+bd «... شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن»\+bd* ــ بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 ئاخىرقى رەسمىيەتلەر \m \v 23 ــ ئاندىن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ۋاقىتتا كىيگەن كاناپ كىيىملىرىنى سېلىپ شۇ يەردە ئۇلارنى قويۇپ قويسۇن. \v 24 ئۇ مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، شۇ يول بىلەن ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. \v 25 شۇنداقلا ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. \m \v 26 «ئازازەل»گە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. \v 27 كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى \add ئەڭ\add* مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق بىلەن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىنى بىرسى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. \x + \xo 16:27 \xt لاۋ. 6‏:23؛ ئىبر. 13‏:11\x* \v 28 ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. \b \m \s1 ئومۇمىي بەلگىلىمىلەر \m \v 29 ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. \f □ \fr 16:29 \ft \+bd «نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ ئىشلار روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. \+bd «مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن...»\+bd* ــ «يەرلىكلەر» قانائان زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 16:29 \xt لاۋ. 23‏:27\x* \v 30 چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر. \v 31 بۇ كۈن سىلەرگە پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولۇپ، نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتىسىلەر؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر.\f □ \fr 16:31 \ft \+bd «پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شاباتلارنىڭ شاباتى».\f* \m \v 32 كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ، \f □ \fr 16:32 \ft \+bd «خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن»\+bd* ــ باش كاھىن، دېمەك.\f* \v 33 ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ قالغان كاھىنلار بىلەن بارلىق خەلقنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ھەم كافارەت كەلتۈرىدۇ. \m \v 34 بۇ بولسا سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىسىلەر». \m شۇنىڭ بىلەن \add ھارۇن\add* پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.\x + \xo 16:34 \xt مىس. 30‏:10؛ ئىبر. 9‏:7\x* \b \b \m \c 17 \s1 بۇتپەرەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ــ توغرا ئىبادەت توغرۇلۇق \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ \m \v 3‏-4 ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە يېتىلەپ ئەپكەلمەي، بەلكى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلىسا، ئۇنىڭدىن ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ؛ بۇ ئادەم «قان تۆككەن» دەپ، ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \f □ \fr 17:3‏-4 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ بۇ ئايەت يەنە «ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلاپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنمىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ تەرجىمىنى قوللايدىغان پىكىرلەرگە مايىل ئەمەسمىز. چۈنكى ئالتە يۈز مىڭ ئائىلىلىك ھەر كۈنى ئۆزلىرى ئۈچۈن (قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس) سويىدىغان مالنى «چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا» سويۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp \fp «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىش» ــ خۇدانىڭ ئۆزى شۇ ئادەمنىڭ بېشىغا بىۋاسىتە جازا چۈشۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. بىزنىڭچە بۇ سۆزلەر (باشقا سۆزلەر قوشۇلمىغان ئەھۋالدا) ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەر شۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشىڭلار كېرەك» دېگەنلىك ئەمەس.\f* \v 5 بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر. \v 6 كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن. \x + \xo 17:6 \xt مىس. 29‏:18؛ لاۋ. 4‏:31\x* \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. \m \v 8 سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى \add باشقا\add* قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا، \v 9 ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن. \b \m \s1 قان يېمەسلىك توغرۇلۇق \m \v 10 ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. \x + \xo 17:10 \xt يار. 9‏:4؛ لاۋ. 3‏:17؛ 7‏:27؛ 19‏:26؛ قان. 12‏:23،16؛ 1سام. 14‏:33\x* \v 11 چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. \f □ \fr 17:11 \ft \+bd «ھەربىر جانىۋارنىڭ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەربىر ئەت ئىگىسىنىڭ».\f* \v 12 شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم. \v 13 ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. \v 14 چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم.\x + \xo 17:14 \xt يار. 9‏:4\x* \b \m \s1 ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى توغرۇلۇق \m \v 15 كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ. \x + \xo 17:15 \xt مىس. 22‏:31؛ لاۋ. 11‏:40؛ ئ‍ەز. 44‏:31\x* \v 16 لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. \b \b \m \c 18 \s1 ئىتائەتمەن خەلق بولۇش ــ مەنئى قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 2 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \v 3 سىلەر ئىلگىرى تۇرغان مىسىر زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار ۋە ياكى مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان قانائان زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار؛ ئۇلارنىڭ رەسىم-ئادەتلىرىدە يۈرمەڭلار، \v 4 بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ شۇ بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \v 5 سىلەر چوقۇم مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك؛ ئىنسان ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتتا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\f □ \fr 18:5 \ft \+bd «ھاياتتا بولىدۇ»\+bd* ــ ئەھمىيەتلىك، ھەقىقىي روھىي ھاياتتا.\f*  \x + \xo 18:5 \xt ئ‍ەز. 20‏:13،11؛ رىم. 10‏:5؛ گال. 3‏:12\x* \m \v 6 ــ ھېچكىم ئۆزىگە يېقىن تۇغقان بولغان ئايالغا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 7 ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە، بۇ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكىنىڭ بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ ئاناڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ.\f □ \fr 18:7 \ft \+bd «ئەۋرەتكە تېگىش»\+bd* ــ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەك (ئىبرانىي تىلىدا «ئەۋرەتنى ئېچىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ). ئىبرانىي تىلىدا «ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچما، بۇ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقىنىڭ». خۇدا ئالدىدا ئەر-خوتۇن بىر تەن بولغاچقا، ئانىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئېچىش ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقانغا باراۋەردۇر. مۇنداق قىلمىش ئانىسىغىمۇ، ئاتىسىغىمۇ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 8 ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى شۇنداق قىلساڭ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ.\x + \xo 18:8 \xt لاۋ. 20‏:11؛ 1كور. 5‏:1\x* \m \v 9 سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى بىر ئانىدىن بولغان، ياكى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. \m \v 10 سەن ئۆز ئوغلۇڭنىڭ قىزى ۋە ياكى قىزىڭنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋرىتى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋرىتىدۇر. \m \v 11 سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ ئاتاڭدىن تۇغۇلغان، سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە.\f □ \fr 18:11 \ft \+bd «ئاتاڭنىڭ ئايالى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئۆگەي ئانىسى ياكى ئاتىسىنىڭ توقىلىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 18:11 \xt لاۋ. 20‏:17\x* \m \v 12 سەن ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر.\x + \xo 18:12 \xt لاۋ. 20‏:19\x* \m \v 13 سەن ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاناڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. \m \v 14 ئاتاڭنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا يېقىنلىق قىلما؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ھامماڭدۇر.\x + \xo 18:14 \xt لاۋ. 20‏:20؛ ئ‍ەز. 22‏:11\x* \m \v 15 سەن كېلىنىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ.\x + \xo 18:15 \xt لاۋ. 20‏:12\x* \m \v 16 سەن ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى بۇ ئۆز ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ.\x + \xo 18:16 \xt لاۋ. 20‏:21\x* \m \v 17 سەن بىر ئايالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزىنىمۇ \add خوتۇنلۇققا ئېلىپ\add* ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقان بولغاچقا، مۇنداق ئىش پەسەندىلىكتۇر.\x + \xo 18:17 \xt لاۋ. 20‏:14\x* \m \v 18 سەن ئايالىڭ ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇنداق قىلساڭ خوتۇنۇڭغا كۈندەشلىك ئازابىنى كەلتۈرىسەن. \m \v 19 سەن بىر ئايالنىڭ ئادەت كۆرۈپ ناپاك تۇرغان ۋاقتىدا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە.\f □ \fr 18:19 \ft \+bd «ئادەت كۆرۈپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايرىم ھالەتتە بولۇپ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 18:19 \xt لاۋ. 20‏:18\x* \m \v 20 سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ناپاك قىلما.\x + \xo 18:20 \xt لاۋ. 20‏:10؛ قان. 22‏:22؛ يـۇھ. 9‏:5 \x* \m \v 21 سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك مەبۇدىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى ناپاك قىلغان بولىسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن.\f □ \fr 18:21 \ft \+bd «سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى ... ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ»\+bd* ــ «ئوتتىن ئۆتكۈزۈش» ئىنسانىي قۇربانلىقلارنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 18:21 \xt لاۋ. 20‏:2؛ قان. 18‏:10؛ 2پاد. 17‏:17؛ 23‏:10\x* \m \v 22 سەن ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندەك ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولما. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر.\x + \xo 18:22 \xt لاۋ. 20‏:13\x* \m \v 23 سەن ھېچ ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆزۈڭنى ناپاك قىلما؛ شۇنىڭدەك ئايال كىشىمۇ مۇناسىۋەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ ئالدىغا بارمىسۇن. بۇ ئىش نىجىسلىقتۇر.\x + \xo 18:23 \xt لاۋ. 20‏:16،15\x* \m \v 24 سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن چىقىرىۋاتقان تائىپىلەر بولسا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ناپاك قىلغان \v 25 ۋە زېمىنىمۇ ناپاك بولغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، شۇنىڭدەك ئۇ زېمىنمۇ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. \m \v 26 لېكىن سىلەر بولساڭلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇڭلار؛ سىلەردىن ھېچكىم، مەيلى يەرلىك ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇق بولسۇن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىسۇن \x + \xo 18:26 \xt لاۋ. 20‏:22\x* \v 27 (چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى). \v 28 شۇنداق قىلىپ زېمىننى ناپاك قىلساڭلار، زېمىن ئۆزى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆزىدە تۇرغان ئەللەرنى قۇسۇپ چىقارغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. \v 29 چۈنكى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلغۇچى، ــ مۇنداق قىلمىشلارنى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 18:29 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ 17-باب، 5-ئايەت ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 30 سىلەر مەن سىلەرگە تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىلىشىڭلار زۆرۈردۇر؛ ــ دېمەك، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر تۇتقان شۇ يىرگىنچلىك رەسىم-قائىدىلەرنى تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \b \m \c 19 \s1 ھەرخىل بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك.\x + \xo 19:2 \xt لاۋ. 11‏:44؛ 20‏:26،7؛ 1پېت. 1‏:16\x* \m \v 3 سىلەر ھەربىرىڭلار ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ئىززەتلەڭلار؛ مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 19:3 \xt مىس. 20‏:12؛ 31‏:13؛ لاۋ. 26‏:2\x* \m \v 4 سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا تايانماڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.\f □ \fr 19:4 \ft \+bd «ئەرزىمەس بۇتلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەس ئىلاھلار» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 19:4 \xt مىس. 34‏:17\x* \m \v 5 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىساڭلار، قوبۇل قىلىنغۇدەك يول بىلەن ئۇنى سۇنۇڭلار. \v 6 سىلەر ئۇنى سۇنغان كۈنى ۋە ئەتىسى ئۇ يېيىلسۇن؛ ئۈچىنچى كۈنىگە قالغىنى بولسا ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. \x + \xo 19:6 \xt لاۋ. 7‏:16\x* \v 7 ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمى ئۈچىنچى كۈنى يېيىلسە قۇربانلىق ھارام ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. \v 8 كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىنى ناپاك قىلدى؛ ئۇنداق كىشى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \b \m \v 9 سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى يىغساڭلار، سەن ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالما ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن. \x + \xo 19:9 \xt لاۋ. 23‏:22؛ قان. 24‏:19\x* \v 10 ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \m \v 11 سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار.\x + \xo 19:11 \xt مىس. 20‏:15\x* \m \v 12 مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 19:12 \xt مىس. 20‏:7؛ قان. 5‏:11\x* \m \v 13 ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما. \m مەدىكارنىڭ ھەققىنى كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالما.\x + \xo 19:13 \xt قان. 24‏:14؛ ياق. 5‏:4\x* \m \v 14 گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 15 ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن.\x + \xo 19:15 \xt قان. 1‏:17؛ 16‏:19؛ پەند. 24‏:23\x* \m \v 16 ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 19:16 \xt مىس. 23‏:1\x* \m \v 17 سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا \add گۇناھ بولسا\add* سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن.\x + \xo 19:17 \xt مات. 18‏:15؛ لۇقا 17‏:3؛ 1يۇھ. 2‏:11،9؛ 3‏:15\x* \m \v 18 سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 19:18 \xt مات. 5‏:44،43،39؛ 22‏:39؛ لۇقا 6‏:27؛ رىم. 12‏:19؛ 13‏:9؛ 1كور. 6‏:7؛ گال. 5‏:14؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9؛ ياق. 2‏:8\x* \m \v 19 سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمە.\x + \xo 19:19 \xt قان. 22‏:11،9\x* \m \v 20 ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز-چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز-چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن. \f □ \fr 19:20 \ft \+bd «مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن»\+bd* ــ بەلكىم ئەر كىشى دېدەكنىڭ ئىگىسىگە ياكى ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلەشكەن كىشىگە جەرىمانە تۆلىشى كېرەك.\f* \v 21 ئەر كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بىر قوچقار بولسۇن. \v 22 كاھىن ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. \m \v 23 سىلەر زېمىنغا كىرىپ ھەرخىل يەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن بولساڭلار، مېۋىلىرىنى «خەتنىسىز» دەپ قاراڭلار؛ ئۈچ يىلغىچە بۇنى «خەتنىسىز» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. \v 24 تۆتىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە سۈپىتىدە مۇقەددەس قىلىپ بېغىشلانسۇن. \v 25 ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار \add زېمىن\add* مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 26 سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار. نە پالچىلىق نە جادۇگەرلىك قىلماڭلار.\f □ \fr 19:26 \ft \+bd «سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار»\+bd* ــ قان يېيىش ئەپسۇنچىلىك-جادۇگەرلىكنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولاتتى.\f* \m \v 27 سىلەر بېشىڭلارنىڭ چېكە-چۆرىسىدىكى چاچنى چۈشۈرۈپ دۈگىلەك قىلىۋالماڭلار، ساقالنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى بۇزماڭلار.\x + \xo 19:27 \xt لاۋ. 21‏:5\x* \b \m \v 28 سىلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق گۈل-سۈرەت چەكمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 19:28 \xt قان. 14‏:1\x* \m \v 29 سەن قىزىڭنى بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە سېلىپ ناپاك قىلمىغىن. بولمىسا، زېمىندىكىلەر بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە بېرىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى ئەيش-ئىشرەت قاپلاپ كېتىدۇ. \m \v 30 سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ھۆرمەتلەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 31 جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايانماڭلار، ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 19:31 \xt لاۋ. 20‏:6\x* \m \v 32 ئاق باش كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇر، قېرىلارنى ھۆرمەت قىلغىن؛ خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 33 بىر مۇساپىر زېمىندا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار، \x + \xo 19:33 \xt مىس. 22‏:21\x* \v 34 بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 35 سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلاردا، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم ئۆلچەشتە ھېچقانداق ناھەقلىك بولمىسۇن؛ \v 36 سىلەردە ئادىل تارازا، ئادىل تارازا تاشلىرى، ئادىل ئەفاھ كەمچىنى بىلەن ئادىل ھىن كەمچىنى بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.\f □ \fr 19:36 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر. \+bd «بىر ھىن»\+bd* ــ تەخمىنەن 3.6 لىتر.\f*  \x + \xo 19:36 \xt پەند. 11‏:1؛ 16‏:11؛ 20‏:10\x* \m \v 37 سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \b \m \c 20 \s1 ئۆلۈمگە لايىق گۇناھلار \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. \x + \xo 20:2 \xt لاۋ. 18‏:21\x* \v 3 ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. \v 4 ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، \v 5 مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.\f □ \fr 20:5 \ft \+bd «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئادەتتە ئادەمنىڭ خۇدانىڭ بىۋاسىتە جازاسى بىلەن دۇنيادىن جۇدا قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 6 جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.\x + \xo 20:6 \xt لاۋ. 19‏:31\x* \m \v 7 شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \x + \xo 20:7 \xt لاۋ. 11‏:44؛ 19‏:2؛ 1پېت. 1‏:16\x* \v 8 قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 9 ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\x + \xo 20:9 \xt مىس. 21‏:17؛ پەند. 20‏:20؛ مات. 15‏:4\x* \m \v 10 ئەگەر بىركىم باشقىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، يەنى ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ.\x + \xo 20:10 \xt لاۋ. 18‏:20؛ قان. 22‏:22؛ يـۇھ. 8‏:5\x* \m \v 11 ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\f □ \fr 20:11 \ft \+bd «ئاتىسىنىڭ ئايالى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئۆگەي ئانىسى ياكى ئاتىسىنىڭ توقىلىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 20:11 \xt لاۋ. 18‏:8\x* \m \v 12 بىرسى ئۆز كېلىنى بىلەن ياتسا، ئىككىسى نىجىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\x + \xo 20:12 \xt لاۋ. 18‏:15\x* \m \v 13 بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\x + \xo 20:13 \xt لاۋ. 18‏:22\x* \m \v 14 ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ.\f □ \fr 20:14 \ft \+bd «قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا»\+bd* ــ ياكى «... قوشۇپ ئۇلار بىلەن زىنا قىلىپ ياتسا...». \+bd «ئوتتا كۆيدۈرۈلۈش»\+bd* ــ ئۇلار بوغۇزلانغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە. بۇ جازا بولسا ئۇلارنى دەپنە قىلىنىش ئىمتىيازىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 20:14 \xt لاۋ. 18‏:17\x* \m \v 15 بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار.\x + \xo 20:15 \xt لاۋ. 18‏:23\x* \m \v 16 ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. \m \v 17 بىرسى ئاچا-سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\x + \xo 20:17 \xt لاۋ. 18‏:9\x* \m \v 18 بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\x + \xo 20:18 \xt لاۋ. 18‏:19\x* \m \v 19 سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\x + \xo 20:19 \xt لاۋ. 18‏:13،12\x* \m \v 20 بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ.\x + \xo 20:20 \xt لاۋ. 18‏:14\x* \m \v 21 بىرسى ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالىنى ئالسا پاسكىنا بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ.\f □ \fr 20:21 \ft \+bd «....ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ»\+bd* ــ 18-19-بابلاردا ئاگاھ قىلغان گۇناھلارنىڭ جازالىرى 20-بابتا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ جازالارنىڭ تۈرلىرى سەككىز خىل: ــ (1) ئۆلۈم جازاسى (نامەلۇم يول بىلەن)؛ (2) چالما-كېسەك قىلىش (مەسىلەن، 1-ئايەت)؛ (3) «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىش» ــ خۇدانىڭ بىر كىشىنى بىۋاسىتە جازالاپ ئۇنى بۇ دۇنيادىن جۇدا قىلىشى؛ (4) «ئۇنىڭ قېنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ» ــ نامەلۇم يول بىلەن خۇدا تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؛ (5) دەپنە قىلىنماي ئوتتا كۆيدۈرۈلۈش (بوغۇزلانغاندىن كېيىن)؛ (6) «خەلقنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىش» ــ بۇ خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا خۇدا تەرىپىدىن نامەلۇم يول بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىش؛ (7) «ئۆز گۇناھى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ» ــ بۇنىڭدا، بەلكىم، خۇدانىڭ شۇ كىشىگە بىۋاسىتە مۇۋاپىق ئەمما نامەلۇم بىر جازانى چۈشۈرۈشى؛ (8) ئەۋلادسىز قالدۇرۇش.\f*  \x + \xo 20:21 \xt لاۋ. 18‏:16\x* \b \m \s1 پاكلىق، مۇقەددەسلىك، ئىتائەتمەنلىك \m \v 22 سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىم بىلەن بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىڭلار؛ بولمىسا، مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. \x + \xo 20:22 \xt لاۋ. 18‏:26\x* \v 23 سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىدىغان ئەللەرنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ماڭساڭلار بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك بولدى. \x + \xo 20:23 \xt لاۋ. 18‏:30،3\x* \v 24 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \x + \xo 20:24 \xt مىس. 3‏:8\x* \v 25 شۇڭا سىلەر پاك ۋە ناپاك چارپايلارنى پەرق ئېتىپ، پاك ۋە ناپاك ئۇچار-قاناتلارنى تونۇپ، مەن سىلەر ئۈچۈن ئايرىپ، ناپاك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن ھەرقاندىقى، چارپاي ياكى ئۇچار-قانات بولسۇن ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. \x + \xo 20:25 \xt لاۋ. 11‏:2؛ قان. 14‏:4\x* \v 26 سىلەر ماڭا خاس پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك-مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن. \b \m \s1 جىنكەش-جادۇگەرلەردىن ئاگاھ بولۇش توغرۇلۇق \m \v 27 جىنكەش ياكى سېھىرگەر بولغان ھەرقانداق ئەر ياكى خوتۇن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ خەلق ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.\x + \xo 20:27 \xt قان. 18‏:10؛ 1سام. 28‏:7\x* \b \b \m \c 21 \s1 كاھىنلارنى باشقۇرىدىغان بەلگىلىمىلەر \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m سەن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ بىر كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلگەنلەر ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. \v 2 پەقەت ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن ــ ئانىسى بىلەن ئاتىسى، ئوغلى بىلەن قىزى ۋە ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛ \v 3 شۇنىڭدەك ئەگەر ئاچا-سىڭلىسى ئەرگە تەگمەي پاك قىز ھالەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛ \v 4 چۈنكى \add كاھىن\add* ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك.\f □ \fr 21:4 \ft \+bd «چۈنكى كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ (كاھىن) ئۆز خەلقى ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرى سۈپىتىدە ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك». بۇ تەرجىمىنىڭ مەنىسى: «ئۇ ئايال تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىگە يېقىن كەلمەسلىكى، ئۇنىڭغا تەگمەسلىكى كېرەك».\f* \m \v 5 كاھىنلار بېشىنى يېرىم-ياتا قىلىپ چۈشۈرمەسلىكى، ساقىلىنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى ھەم چۈشۈرمەسلىكى، بەدىنىگىمۇ زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماسلىقى كېرەك، \v 6 بەلكى ئۇلار ئۆز خۇداسىغا مۇقەددەس تۇرۇپ، خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. \m \v 7 ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان. \v 8 ئۇ خۇدايىڭنىڭ نېنىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئۇ ساڭا نىسبەتەن مۇقەددەس دەپ سانىلىشى كېرەك؛ چۈنكى سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەستۇرمەن. \m \v 9 ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى پاھىشىلىك قىلىپ ئۆزىنى بۇلغىغان قىلسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. \b \m \s1 باش كاھىن توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەر \m \v 10 بېشىغا مەسىھلەش زەيتۇن مېيى تۆكۈلگەن، كاھىنلىق كىيىملەرنى كىيىشكە تىكلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن قىلىنغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن، كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن؛ \f □ \fr 21:10 \ft \+bd ««يالاڭباش بولۇش» ۋە «كىيىملەرنى يىرتىش»»\+bd* ــ ھەر ئىككى ھەرىكەت ماتەم تۇتۇشنىڭ بىرخىل ئىپادىسى ئىدى. باش كاھىننىڭ ئالاھىدە ھەم مۇقەددەس ۋەزىپىسى بولغاچقا، ھەتتا ماتەم ئىشلىرىدىمۇ خىزمەت ئورنى ۋە بۇرچىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك ئىدى (11-12-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 11 ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك، ھەتتا ئاتىسى ۋە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك. \f □ \fr 21:11 \ft \+bd «ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك،... ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك»\+bd* ــ بىرسى ئۆلۈككە تەگسە «ناپاك» دەپ ھېسابلانغاچقا، كاھىن بىر ئۆلۈككە تەگكەن بولسا ئۆز ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.\f* \v 12 ئۇ \add ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا\add* مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە خاس قىلغان «مەسىھلەش مېيى» ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 13 ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛ \v 14 تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك. \v 15 بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن. \b \m \s1 كاھىنلار توغرىسىدىكى يەنە بىرنەچچە بەلگىلىمە \m \v 16 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 17 سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛ \v 18 مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن، \v 19 پۇتى ياكى قولى سۇنۇق بولسۇن، \v 20 دوك بولسۇن، پارپا بولسۇن، كۆزىدە ئاق بولسۇن، قىچىشقاق بولغان بولسۇن، تەمرەتكە باسقان بولسۇن ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلگەن ھەركىم بولسۇن، \f □ \fr 21:20 \ft \+bd «يارپا بولسۇن»\+bd* ــ ياكى «يىگلەپ قالغان بولسۇن».\f* \m \v 21 ھارۇن كاھىننىڭ نەسلىدىن بولغان ئۇنداق مېيىپ كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە يېقىن بارمىسۇن؛ ئۇنداق كىشى مېيىپتۇر؛ ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنۇشقا يېقىن كەلمىسۇن. \v 22 ھالبۇكى، ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» ھېسابلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېسۇن. \v 23 پەقەت ئۇ پەردىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە كىرمەسلىكى ياكى قۇربانگاھقىمۇ يېقىن بارماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ مېيىپتۇر؛ بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». \m \v 24 بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئېيتىپ بەردى. \b \b \m \c 22 \s1 مۇقەددەس نەرسىلەردىن كىم بەھرىمەن بولىدۇ؟ \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». \v 3 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ھەربىر دەۋرلەردە، بارلىق نەسىللىڭلاردىن ھەرقايسىسى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتىغان پاك نەرسىلەرگە ناپاك ھالەتتە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 4 ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە، \x + \xo 22:4 \xt لاۋ. 15‏:2\x* \v 5 ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) \v 6 مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك بولۇپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ئۇ بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن \v 7 ئاندىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك سانىلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقىدۇر. \m \v 8 ئۇ \add ئۆزلۈكىدىن\add* ئۆلگەن ۋە ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 22:8 \xt مىس. 22‏:31؛ لاۋ. 17‏:15؛ ئ‍ەز. 44‏:31\x* \m \v 9 ئۇلار مېنىڭ بۇ تاپىلىغانلىرىمنى تۇتۇشى كېرەك؛ بولمىسا، بۇنىڭغا ئىخلاسسىزلىق قىلسا، \add شۇ ئۆلۈك\add* تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. \m \v 10 كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. \v 11 ھالبۇكى، كاھىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان قۇل ئۇنىڭدىن يېيىشكە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. \m \v 12 كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا ئۇمۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. \f □ \fr 22:12 \ft \+bd «يات كىشى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە كاھىن بولمىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 13 لېكىن ئەگەر كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ، ياكى قويۇپ بېرىلىپ پەرزەنتسىز ھالەتتە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتىسىنىڭ تائامىدىن يېيەلەيدۇ؛ لېكىن ھېچبىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمەسلىكى كېرەك.\x + \xo 22:13 \xt لاۋ. 10‏:14\x* \m \v 14 ئەگەر بىركىم بىلمەي، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ سالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن. \m \v 15 \add كاھىنلار\add* ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ \f □ \fr 22:15 \ft \+bd «كاھىنلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». كاھىنلار خەلقنىڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمەسلىكىگە مەسئۇل ئىدى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار «ئۇلار»نى «خەلق» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \v 16 بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن».\f □ \fr 22:16 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇلارنى» بەلكىم كاھىنلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 قەسەمگە باغلىق قۇربانلىق ۋە ئىختىيارىي قۇربانلىقلار \m \v 17 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 18 سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، \v 19 ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم ئەركەك كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن كەلتۈرۈڭلار. \v 20 ئەيىبى بولمىغان بىر جانىۋارنى سۇنۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى شۇنداق بولغىنى سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. \m \v 21 بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن. \x + \xo 22:21 \xt قان. 15‏:21؛ 17‏:1\x* \v 22 كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ. \m \v 23 تورپاق ياكى قوينىڭ مەلۇم جۈپ ئەزاسىدىن بىرى ئۇزۇنراق يا قىسقا بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن قەسەمگە باغلىق بولسا قۇربانلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. \m \v 24 ئۇرۇقدىنى زەخىملەنگەن، ئېزىلىپ كەتكەن، يېرىلغان ياكى پىچىلغان ھايۋاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. مۇنداق ئىشنى ئۆز زېمىنىڭلاردىمۇ ھەرگىز قىلماڭلار. \m \v 25 خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن شۇنداق ھايۋانلاردىن ھېچقايسىسىنى ئېلىپ سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ.\f □ \fr 22:25 \ft \+bd «خۇدايىڭلارنىڭ نېنى»\+bd* ــ ئۇنىڭغا ئاتالغان تۈرلۈك ھەدىيە-قۇربانلىقلار. مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھايۋانلاردۇر. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە سىلەر ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن ھېچ قۇربانلىقنى ئېلىپ سۇنماڭلار ۋە سىلەر شۇنداق ھايۋانلار (مېيىپ ھايۋانلار)دىن ھېچقايسىسىنى سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ». لېكىن بىزنىڭچە بۇ تەرجىمە توغرا ئەمەس؛ چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ياقا يۇرتلۇقلار خەتنە قوبۇل قىلسا، قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بولاتتى. \+bd «سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سىلەر» قۇربانلىق سۇنغان ياقا يۇرتلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \b \m \s1 باشقا بىرنەچچە بەلگىلىمە \m \v 26 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 27 بىر موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق تۇغۇلسا يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن؛ سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشقا يارايدۇ.\f □ \fr 22:27 \ft \+bd «ئانىسىنى ئەمسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئانا ئاستىدا تۇرسۇن».\f* \m \v 28 مەيلى كالا بولسۇن، قوي بولسۇن، سىلەر ئانىسى بىلەن بالىسىنى بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار. \m \v 29 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تەشەككۈر قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولغان يول بىلەن سۇنۇڭلار. \v 30 ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرماسلىقىڭلار كېرەك. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 22:30 \xt لاۋ. 7‏:15\x* \m \v 31 سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \v 32 مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار، مەن ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ بىلىنىمەن. مەن سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ، \v 33 خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلدىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \b \m \c 23 \s1 خۇدا ئىسرائىلغا بېكىتكەن ھېيت-بايراملار \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 2 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار، سىلەر مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان ھېيتلىرىم مانا مۇنۇلاردۇر: ــ \f □ \fr 23:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىنى توغرىراق بايان قىلساق «پەرۋەردىگار بېكىتكەن ۋاقىت-پەسىللەر» دېگەن بولىدۇ. بۇ «پەسىل-ۋاقىتلار»نىڭ كۆپىنچىسى شادلىنىدىغان، خۇشال پەيتلەر بولسىمۇ، لېكىن «كافارەت كۈنى» ئۇنداق كۈن ئەمەس. \+bd «سورۇنلار»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سورۇن» (ياكى «يىغىلىش») دېگەن سۆز «سورۇنغا چاقىرىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نەگە چاقىرىلىدۇ؟ تەكىتلىنىدىغان ئىش خەلقنىڭ جەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى «\+bd خۇدانىڭ\+bd* يېنىغا يىغىلىشقا چاقىرىلىش»تىن ئىبارەتتۇر. ئەمەلىيەتتە، بەزى ھېيتلار ۋە شابات كۈنلىرىدە خەلقنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئائىلە «قەيەردە تۇرسا»، شۇ ئۆي-چېدىرلاردا جەم بولۇپ خۇدا بەرگەن ئارامدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار شۇ كۈنى خۇدانى سېغىنىپ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىشلار مۇقەددەس قانۇندا رەسمىي بېكىتىلگەن ئەمەس.\f* \m \v 3 (ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ).\f □ \fr 23:3 \ft \+bd «خاس شابات كۈنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شاباتلارنىڭ شاباتى» ــ مەخسۇس ئارام ئالىدىغان كۈن. \+bd «سورۇنلار»\+bd* ــ مۇشۇ «سورۇنلار» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «شابات كۈنى»نىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم شۇكى، مەلۇم بىر ھېيت شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، شۇ كۈنىدە ئوخشاشلا ئىش قىلماي ئارام ئېلىشى كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 23:3 \xt مىس. 20‏:9؛ 23‏:12؛ قان. 5‏:13؛ لۇقا 13‏:14\x* \b \m \s1 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ۋە «پېتىر نان ھېيتى» \m \v 4 سىلەر بېكىتىلگەن كۈنلىرى مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى مانا مۇنۇلاردۇر: ــ \f □ \fr 23:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى»\+bd* ــ ھېيتلار توغرۇلۇق «چۆل.» 28-باب، «قان.» 1:16-17نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 5 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ.\f □ \fr 23:5 \ft \+bd «گۇگۇمدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان چاغدىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت. \+bd «ئۆتۈپ كېتىش \+bd*\+bdit «پاسخا»\+bdit* ھېيتى» ــ بۇ ھېيت توغرۇلۇق «مىسىردىن چىقىش» 12-باب، بولۇپمۇ 13-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى، شۇنداقلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:5 \xt مىس. 12‏:18؛ 23‏:15؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:1\x* \b \m \v 6 شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پېتىر نان» ھېيتى بولىدۇ؛ سىلەر يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەيسىلەر. \v 7 بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. \v 8 سىلەر يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇرۇڭلار. يەتتىنچى كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. \b \m \s1 «دەسلەپكى ھوسۇل» ھېيتى \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 10 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھوسۇل يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار. \f □ \fr 23:10 \ft \+bd «ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ھوسۇل بولسا ئارپا ھوسۇلى ئىدى. بۇغداي ھوسۇلى كېيىن بولىدۇ (16-ئايەت).\f* \v 11 كاھىن سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولۇشقا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن؛ ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ. \f □ \fr 23:11 \ft \+bd «ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ»\+bd* ــ «ئۆتۈپ كېتىش» (بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى) ھېيتىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈنلۈك «پېتىر نان ھېيت»ى بولىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە كەلگەن شابات كۈنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى «دەسلەپكى ھوسۇل ھېيتى» بولىدۇ.\f* \v 12 سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە سىلەر بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم بىر قوزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار؛ \v 13 شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇڭلار؛ بۇنىڭغا قوشۇپ شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە شارابتىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرىنى سۇنۇڭلار. \v 14 سىلەر خۇدايىڭلارغا خاس بولغان بۇ ھەدىيەنى سۇنىدىغان كۈندىن ئىلگىرى \add يېڭى ھوسۇلدىن\add* ھېچنېمىنى، نە نان نە قوماچ نە كۆك باش بولسۇن يېمەڭلار. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. \b \m \s1 «ھەپتىلەر ھېيتى» ــ بەزىدە «ئورما ھېيتى»، «دەسلەپكى ئورما ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ \m \v 15 ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛ \x + \xo 23:15 \xt قان. 16‏:10،9 \x* \v 16 يەتتىنچى شاباتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگىچە ئەللىك كۈننى ساناڭلار؛ ئاندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى \add ھوسۇلدىن\add* بىر ئاشلىق ھەدىيە سۇنۇڭلار. \v 17 ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلاردىن پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىدە ئېتىلگەن ئىككى ناننى ئېلىپ كەلتۈرۈڭلار؛ ئۇلار ئېچىتقۇ سېلىپ ئېتىلگەن بولسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 23:17 \ft \+bd «بۇلار ... دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ ھوسۇل بولسا، بۇغداي ھوسۇلى ئىدى. «دەسلەپكى ھوسۇل ھېيتى»دىكى ھوسۇل بولسا ئارپا ھوسۇلى ئىدى.\f* \v 18 ناندىن باشقا يەنە بىر ياشلىق يەتتە بېجىرىم قوزا، ياش بىر تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار؛ ئۇلارغا خاس ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى قوشۇپ، ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈشكە سۇنۇلسۇن. \m \v 19 بۇنىڭدىن باشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىككى قوزىنى كەلتۈرۈڭلار؛ \v 20 كاھىن بۇلارنى، يەنى شۇ ئىككى قوزىنى دەسلەپكى ھوسۇل نانلىرىغا قوشۇپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگار ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس سانىلىپ، كاھىنغا تەگسۇن. \v 21 شۇ كۈنى سىلەر «بۈگۈن بىزلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ جاكارلاڭلار؛ شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن قەيەردىلا تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. \b \m \s1 ھوسۇل ئورۇش توغرۇلۇق بەلگىلىمە \m \v 22 ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 23:22 \xt لاۋ. 19‏:9؛ قان. 24‏:19\x* \b \m \s1 «كاناي چېلىش ھېيتى» \m \v 23 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \v 24 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ \m سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىپ، كانايلار چېلىنىش بىلەن ئەسلەتمە يوسۇندا ھېيت قىلىپ، مۇقەددەس سورۇنلارنى تۈزۈڭلار. \f □ \fr 23:24 \ft \+bd «كانايلار»\+bd* ــ ياكى «بۇرغىلار» (قوچقارنىڭ مۈڭگۈزلىرى).\f*  \x + \xo 23:24 \xt چۆل. 29‏:1\x* \v 25 ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار. \b \m \s1 «كافارەت كۈنى» \m \v 26 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 27 يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بولسا كافارەت كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولىدۇ؛ شۇ كۈنى نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنى سۇنۇڭلار؛ \f □ \fr 23:27 \ft \+bd «كافارەت كۈنى»\+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «كافارەتلەر كۈنى» \+bd «نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ ئىشلار روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 29:16-31نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:27 \xt لاۋ. 16‏:31،29؛ چۆل. 29‏:7\x* \v 28 ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر. \v 29 ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \v 30 كىمدەكىم شۇ كۈندىمۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا، مەن شۇ ئادەمنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. \v 31 شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ. \v 32 ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار. \b \m \s1 «كەپىلەر ھېيتى» \m \v 33 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 34 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ. \f □ \fr 23:34 \ft \+bd «يەتتىنچى ئاي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ يەتتىنچى ئاي».\f*  \x + \xo 23:34 \xt مىس. 23‏:16؛ چۆل. 29‏:12؛ قان. 16‏:15\x* \v 35 بىرىنچى كۈندە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. \v 36 يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ سەككىزىنچى كۈندە سىلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ئۆزى تەنتەنىلىك يىغىلىش بولغاچ، ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.\x + \xo 23:36 \xt يـۇھ. 7‏:37\x* \m \v 37 سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيە، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛ \v 38 بۇلاردىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىنى تۇتىسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قالغان ھەدىيەلىرىڭلارنى بېرىپ، قەسەم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سۇنىسىلەر. \m \v 39 سىلەر ئەمدى زېمىندىن ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ، سەككىزىنچى كونىدىمۇ تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ. \f □ \fr 23:39 \ft \+bd «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرى»\+bd* ــ مۇشۇ «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرى» ئاشلىقلار ھەم ھەرخىل مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 40 بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، يەنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئېرىق بويىدىكى سۆگەت چىۋىقلىرىنى قىرقىپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا يەتتە كۈننى شۇنداق شاد-خۇرام ئۆتكۈزىسىلەر. \f □ \fr 23:40 \ft \+bd «ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېسىل دەرەخلەردىن مېۋىنى چاتاپ، ...».\f* \v 41 سىلەر ھەر يىلى بۇ يەتتە كۈننى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بىر ھېيت سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈڭلار؛ دەۋردىن-دەۋرگىچە بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. سىلەر ھېيتنى يەتتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈڭلار. \v 42 يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار. ئىسرائىلدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى كەپىدە تۇرسۇن. \f □ \fr 23:42 \ft \+bd «يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار، ...»\+bd* ــ بۇ كەپىلەر يۇقىرىدىكى شاخ-چىۋىقلاردىن ياسىلىشى كېرەك.\f* \v 43 بۇنىڭ بىلەن مەن ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىمدا، ئۇلارنى كەپىلەردە تۇرغۇزغىنىمنى ئەۋلادلىرىڭلار بىلىدۇ. ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 44 شۇنداق قىلىپ مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن شۇ ھېيتلىرىنى ئىسرائىللارغا بايان قىلدى. \b \b \m \c 24 \s1 «چىراغدان» ۋە «تەقدىم نان شىرەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئىسرائىللارغا چىراغ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى ساڭا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغىن. \v 3 ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنى شۇنداق پەرلەپ تۇرسۇن. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. \f □ \fr 24:3 \ft \+bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، شۇ ئەمرلەر ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىدە پۈتۈكلۈك ئىدى. شۇڭا بەزىدە ساندۇق «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»، ئىبادەت چېدىرى بولسا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \v 4 ھارۇن ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ چىراغلارنى پاك چىراغداننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن.\f □ \fr 24:4 \ft \+bd «پاك چىراغدان»\+bd* ــ ياكى «ساپ ئالتۇن چىراغدان».\f* \m \v 5 سەن يەنە ئېسىل بۇغداي ئۇنىدىن ئون ئىككى توقاچنى ئەتكىن. ھەربىر توقاچ بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىگە باراۋەر بولسۇن. \v 6 ئاندىن سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پاك شىرەنىڭ ئۈستىگە ئالتىدىن ئىككى قاتار قىلىپ تىزغىن. \f □ \fr 24:6 \ft \+bd «پاك شىرە»\+bd* ــ ياكى «ساپ ئالتۇن شىرە».\f* \v 7 ھەربىر قاتارنىڭ ئۈستىگە ساپ مەستىكى قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە، ئەسلەتمە نان بولىدۇ. \b \m \v 8 بۇلارنى ئۇ ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر شابات كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزسۇن؛ بۇ ئەبەدىي بىر ئەھدىدۇر. \v 9 نانلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنى مۇقەددەس جايدا يېسۇن؛ چۈنكى بۇ نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان نەرسىلەر ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» دەپ سانىلىپ، ھارۇنغا تەۋە بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر.\x + \xo 24:9 \xt مىس. 29‏:32؛ لاۋ. 8‏:31؛ 1سام. 21‏:6؛ مات. 12‏:4\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىش گۇناھىنىڭ جازاسى \m \v 10 ئانىسى ئىسرائىلىي، ئاتىسى مىسىرلىق بىر ئوغۇل بار ئىدى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا باردى؛ ئۇ چېدىرگاھتا بىر ئىسرائىلىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى. \v 11 ئۇلار سوقۇشقاندا ئىسرائىلىي ئايالنىڭ ئوغلى كۇپۇرلۇق قىلىپ، \add مۇقەددەس\add* نامنى بۇلغاپ قارغىدى. خەلق ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شېلومىت بولۇپ، ئۇ دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى. \f □ \fr 24:11 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ نامى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ نامى» ئەمەس، پەقەت «نام» دېيىلىدۇ. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ نامى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە ئۇ كىشىنى سولاپ قويدى.\f □ \fr 24:12 \ft \+bd «...پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۇ ھۆكۈم چىقارغۇچە،...».\f* \m \v 13 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 14 قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار. ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن پۈتكۈل جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. \m \v 15 ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ. \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، \add مۇقەددەس\add* نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن.\f □ \fr 24:16 \ft \+bd «مۇقەددەس نام»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «نام» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 17 ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. \m \v 18 بىرسى بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاننى تۆلەپ، جانغا-جان تۆلەپ بەرسۇن. \m \v 19 بىركىم ئۆز قوشنىسىنى مېيىپ قىلسا، ئۇ ئۆزگىگە قانداق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن. \v 20 بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن.\x + \xo 24:20 \xt مىس. 21‏:24؛ قان. 19‏:21؛ مات. 5‏:38\x* \m \v 21 كىمدەكىم بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، چارپاي تۆلەپ بەرسۇن؛ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى بولسا، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنسۇن. \m \v 22 سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن. مۇساپىر ياكى يەرلىك بولسۇن، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسۇن؛ چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 23 مۇسا ئىسرائىللارغا شۇلارنى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلدى. \b \b \m \c 25 \s1 زېمىننىڭ «شابات يىلى» \m \v 1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \v 2 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىننىڭ ئۆزىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر شابات ئارامىنى ئالسۇن. \x + \xo 25:2 \xt مىس. 23‏:10\x* \v 3 سەن ئالتە يىل ئېتىزىڭنى تېرىپ، ئالتە يىل تاللىق بېغىڭنى چاتاپ، ئۇلاردىن ھوسۇللارنى يىغقىن؛ \v 4 ئەمما يەتتىنچى يىلى زېمىننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر «شاباتلىق ئارام» بولسۇن؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر «شابات» ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى سەن ئېتىزىڭنى تېرىمايسەن ۋە تاللىقىڭنى چاتىمايسەن. \v 5 ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنى ئورمايسەن؛ ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزمەيسەن؛ چۈنكى شۇ يىل زېمىن ئارام ئالىدىغان يىلدۇر. \m \v 6 ھالبۇكى، زېمىن شابات يىلىدا چىقارغان ھوسۇل ھەممىڭلارغا ئوزۇق بولىدۇ، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن، قۇل-دېدىكىڭ ئۈچۈن، مەدىكارىڭ ئۈچۈن ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن \v 7 ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ.\f □ \fr 25:7 \ft \+bd «... زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، (1) ئېتىز-تاللىقنىڭ ئىگىسى ئۆز يېرىدىن ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان «تەبىئىي ھوسۇل»نى ئورغاق ۋە پىچاق بىلەن ھەرگىز ئالماسلىقى كېرەك؛ (2) بارلىق خەلق شۇ «تەبىئىي ھوسۇل»دىن، شۇنداقلا ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە زېمىندىكى باشقا تەبىئىي ئوزۇقلۇقنى (كىمنىڭ يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) خالىغانچە قول بىلەن ئۈزسە بولاتتى؛ (3) ھەتتا زېمىندىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولاتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىز ئەتراپىدىكى چىت-قاشالارنى ئېچىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.\f* \b \m \s1 «كاناي-بۇرغا چالىدىغان يىلى»، يەنى «ئازادلىق يىلى»، «شادلىق يىلى» \m \v 8 شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ. \v 9 شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئايدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى، كافارەت كۈنىدە بۇرغا چېلىپ ساداسىنى يۇقىرى چىقىرىسىلەر؛ كافارەت كۈنىنىڭ ئۆزىدە سىلەر پۈتكۈل زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىسىلەر. \m \v 10 شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى سىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتكۈل زېمىندا ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازادلىقنى جاكارلىشىڭلار كېرەك. شۇ يىل سىلەرگە «ئازادلىق يىلى» بولىدۇ، ھەربىرىڭلار ئۆز يەر-مۈلۈكلىرىڭلارغا قايتىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز ئائىلە-جەمەتىڭلارغا قايتىپ بارىسىلەر. \f □ \fr 25:10 \ft \+bd «ئازادلىق يىلى»\+bd* ــ ئەسلىدە ئىبرانىي تىلىدا «بۇرغا (چېلىش) يىلى» دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن، ئۇنىڭ چۈشەنچىسى تېزلا «ئازادلىق يىلى»، «شادلىق يىلى» دېگەنگە ئۆزگەردى.\f* \v 11 بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە بىر ئازادلىق يىلى بولسۇن؛ ئۇ يىلى ھېچ نېمە تېرىمايسىلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنىمۇ ئورمايسىلەر ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمايسىلەر. \v 12 چۈنكى بۇ ئازادلىق يىلى بولۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ھېسابلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى بولسا، ئېتىز-دالىلاردىن تېپىپ \add ھەممىڭلار\add* يەيسىلەر.\f □ \fr 25:12 \ft \+bd «شابات يىلى»\+bd* ــ بۇ ئىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى، 5-7-ئايەتلەردىن ۋە ئىزاھاتلىرىدىن كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 يەر-مۈلۈكلەرنىڭ ياندۇرۇلۇشى \m \v 13 ئازادلىق يىلى ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئادەم ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. \v 14 سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار، بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار. \f □ \fr 25:14 \ft \+bd «سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىرنېمە» شۈبھىسىزكى يەر-زېمىنلارنى ياكى ئىگىلىكنى كۆرسىتىدۇ (13-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 15 قوشناڭدىن \add يەرنى\add* سېتىۋالساڭ، ئۇنداقتا «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆتكەن يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك؛ ئۇمۇ قالغان يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، يەرنىڭ كېيىنكى ھوسۇللىرىغا ئاساسەن ساڭا سېتىپ بەرسۇن. \v 16 «\add ئازادلىق يىلى»غىچە\add* بولغان يىللار كۆپرەك بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرىسەن؛ قالغان يىللار ئازراق بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېمەيتسۇن. چۈنكى قالغان يىللارنىڭ ھوسۇللىرى قانچە بولسا، ئۇ شۇ بويىچە ساڭا سېتىپ بېرىدۇ. \v 17 سىلەر بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار؛ چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \m \v 18 سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ھۆكۈملىرىمدە تۇرۇپ، شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. \v 19 شۇنىڭ بىلەن زېمىن سىلەرگە ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇنىڭدا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. \m \v 20 ئەگەر سىلەر: ــ مانا، بىزگە تېرىپ ھوسۇلنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز، دەپ سورىساڭلار، \v 21 \add سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى\add*، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىلنىڭ ھوسۇلىنى بەرسۇن دەپ، مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى «چۈش» دەپ بۇيرۇيمەن. \v 22 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلى تېرىيسىلەر، ئەمما توققۇزىنچى يىلىغىچە ئېشىپ قالغان كونا ھوسۇلدىن تېخىچە يەيسىلەر؛ شۇ توققۇزىنچى يىلىغىچە سىلەر كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر. \m \v 23 يەر-زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس. \v 24 سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر-زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك. \v 25 ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن. \f □ \fr 25:25 \ft \+bd «ھەمجەمەت شاپائەتچى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «گوئېل»نىڭ تەرجىمىسىدۇر. تەۋراتتىكى نۇرغۇن يەرلەردە بۇ سۆز تېپىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 25:19نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). بەزىدە «ھەمجەمەت قۇتقۇزغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئومۇمەن بىرسىنىڭ مەلۇم ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغىنىدا، ئۇنىڭغا تۇغقانچىلىق (ھەمجەمەتلىك) قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان قۇتقۇزغۇچى تۇغقىنىنى بىلدۇرىدۇ.\f* \v 26 ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا، \f □ \fr 25:26 \ft \+bd «لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ» «ئۇنىڭ قولى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپلادىلىنىدۇ.\f* \v 27 ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، \add ئازادلىق يىلىغىچە\add* قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن. \v 28 لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. \b \m \s1 سېتىپ بەرگەن ئۆيلەر توغرۇلۇق \m \v 29 ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆينى ساتقان بولسا، سېتىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇنى ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. تولۇق بىر يىل تۈگەپ بولغۇچە، ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. \v 30 لېكىن پۈتۈن يىل ئىچىدە ياندۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئۆي نەسىلدىن-نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئازادلىق يىلى كەلسىمۇ ياندۇرۇلماس. \m \v 31 لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا زېمىننىڭ ئېتىزلىرىدەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ياندۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا ياندۇرۇلىدۇ. \m \v 32 لېكىن لاۋىي شەھەرلىرىدە بولسا، لاۋىيلار ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلەردىكى ئۆيلىرىنى خالىسا ھەرقاچان قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. \f □ \fr 25:32 \ft \+bd «لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى»\+bd* ــ ئىسرائىل ئىچىدە لاۋىيلارغا ئالاھىدە خاس بولغان 48 شەھەر بار ئىدى («چۆل.» 35-باب، «يەشۇئا» 21-بابنى كۆرۈڭ).\f* \v 33 لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى، يەنى ئۆز مىراسى بولغان شەھەردىكى بىر ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، \add لېكىن قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسا\add*، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى لاۋىي شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولسا لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ. \f □ \fr 25:33 \ft \+bd «لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى... قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ،... ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئەگەر لاۋىيلاردىن بىرى باشقا بىرسىدىن (يەنى باشقا بىر لاۋىي ئادەمدىن) ئۆز مىراسى بولغان شەھىرىدە بىر ئۆينى سېتىۋالسىمۇ، ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ». بۇ ئايەتنىڭ يەنە بەزى باشقا تەرجىمىلىرى ياكى شەرھلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \v 34 شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ.\f □ \fr 25:34 \ft \+bd «... بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى ... سېتىلسا بولمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئېتىزلار ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي تەئەللۇقاتى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ «كوللېكتىپ» تەئەللۇقى ئىدى.\f* \b \m \s1 قەرزلەر ۋە قۇللار توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەر \m \v 35 ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن. \v 36 سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن. \x + \xo 25:36 \xt مىس. 22‏:25؛ قان. 23‏:18؛ پەند. 28‏:8؛ ئ‍ەز. 18‏:8؛ 22‏:12\x* \v 37 پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن. \m \v 38 خۇدايىڭلار بولۇشقا، قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. \m \v 39 ئەگەر ساڭا قوشنا بولغان قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇلدەك قۇللۇق خىزمىتىگە سالمىغىن؛ \x + \xo 25:39 \xt مىس. 21‏:2؛ قان. 15‏:12؛ يەر. 34‏:14\x* \v 40 بەلكى ئۇ قېشىڭدا مەدىكار ياكى مۇساپىردەك تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلىغىچە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولسۇن؛ \v 41 ئاندىن ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى قېشىڭدىن چىقىپ، ئۆز جەمەتىگە يېنىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. \f □ \fr 25:41 \ft \+bd «ئاندىن \+bd*\+bdit قۇل\+bdit* ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى ... ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن» ــ «مىس.» 2:21-6ئايەتلەردە بېرىلگەن بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىبرانىي قۇل ئالتە يىل ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئازادلىققا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. لېكىن «ئازادلىق يىلى» ئۇنىڭ ئىشلەشكە كېرەك بولغان ئالتە يىل توشمايلا كەلسە، شۇ يىلى ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئازادلىققا چىقىدۇ.\f* \v 42 چۈنكى ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىم بولغاچقا، ئۇلارنى قۇلدەك سېتىشقا يول قويماڭلار. \v 43 سەن ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمايسەن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن.\x + \xo 25:43 \xt ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 4‏:1\x* \m \v 44 لېكىن ئۆزۈڭگە قۇل ياكى دېدەك ئالماقچى بولساڭ، ئۇلارنى ئەتراپتىكى يات ئەللەردىن شۇنداق قۇل يا دېدەك سېتىۋالساڭ بولىدۇ. \v 45 بۇلاردىن باشقا، ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە شۇلارنىڭ جەمەتىدىن، يەنى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان، زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلاردىن قۇللار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولۇپ قالىدۇ. \v 46 سىلەر مۇشۇلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ، ئۇلارغا مۈلۈك بولۇشقا قالدۇرساڭلار بولىدۇ؛ مۇشۇلارنى ئەبەدگىچە قۇل قىلساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار ئارىسىدا بولسا، بىر-بىرىڭلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. \m \v 47 ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق بېيىغان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى شۇ قوشنا مۇساپىرغا ۋە ياكى شۇ مۇساپىرنىڭ مەلۇم بىر ئەۋلادىغا ساتسا، \v 48 ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پۇل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىش ھوقۇقى قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. \v 49 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاغىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ياكى جەمەتىدىن بولغان ھەرقايسى يېقىن تۇغقىنى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ ياكى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. \f □ \fr 25:49 \ft \+bd «... ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، خوجايىنى يات ئەللىك بولسا، «مىس.» 2:21-6-ئايەتلەردىكى «قۇل ئالتە يىل ئىشلەپ ئاندىن ئازاد بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئىناۋەتلىك بولمايدۇ.\f* \v 50 ئۇنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۇنىڭ خوجىسى بىلەن گەپلىشىپ سېتىلغان يىلدىن تارتىپ ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھېسابلىسۇن؛ \add ھۆرلۈك پۇلى ھېسابلاشتا قۇلنىڭ خوجىسىغا\add* ئىشلەشكە كېرەك بولغان قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن. \f □ \fr 25:50 \ft \+bd «... قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن»\+bd* ــ دېمەك، قالغان يىللارغا مەدىكارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە پۇل ھېسابلاپ تۆلىشى كېرەك.\f* \v 51 ئازادلىق يىلىغا يەنە خېلى يىللار بولسا، شۇنى ھېسابلاپ، سېتىلغان پۇلنىڭ نىسبىتى بويىچە ھۆرلۈك پۇلىنى ھېسابلاپ بەرسۇن؛ \v 52 ئەگەر ئازادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھېساب قىلىپ، قالغان قۇللۇق يىللىرىغا مۇۋاپىق پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسۇن. \m \v 53 بولمىسا، قۇل شۇ خوجىسىنىڭ يېنىدا يىللىق مەدىكاردەك تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن.\f □ \fr 25:53 \ft \+bd «... ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىيلاردىن بىرى ياقا يۇرتلۇق بىر خوجايىننىڭ قول ئاستىدا قۇل بولۇپ ئىشلىسە، قوشنا بولغان يەھۇدىي قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.\f* \m \v 54 ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ. \v 55 چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ماڭا قۇل-بەندىلەردۇر؛ ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىمدۇر. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. \b \b \m \c 26 \s1 خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇشنىڭ بەخت-بەرىكىتى، ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرىدىغان بالايىئاپەتلەر \m \v 1 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار ياكى ئۆزۈڭلارغا ھېچ ئويما مەبۇد ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈكنى تۇرغۇزماڭلار ياكى ئۇلارغا باش ئۇرۇشقا ئويۇلغان نەقىشلىك تاشلارنى زېمىنىڭلاردا ھەرگىز تىكلىمەڭلار؛ چۈنكى ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. \x + \xo 26:1 \xt مىس. 20‏:4؛ قان. 5‏:8؛ 16‏:22؛ زەب. 97‏:7\x* \v 2 مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇپ، مۇقەددەس جايىمغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.\x + \xo 26:2 \xt لاۋ. 19‏:30\x* \m \v 3 ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، \x + \xo 26:3 \xt قان. 28\x* \v 4 مەن يېرىڭلارنىڭ ئۆز ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرۇشىغا، دالادىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى چىقىرىشىغا ۋاقتىدا يامغۇرلىرىڭلارنى ياغدۇرۇپ تۇرىمەن. \v 5 شۇنىڭ بىلەن خامان تېپىش ۋاقتى ئۈزۈم يىغىش پەسلىگىچە بولىدۇ، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتى تېرىلغۇ ۋاقتىغىچە بولىدۇ؛ سىلەر نېنىڭلارنى تويۇنغۇچە يەپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. \x + \xo 26:5 \xt لاۋ. 25‏:19\x* \v 6 مەن زېمىنغا ئارام-تىنچلىق ئاتا قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سىلەرنى قورقىتالمايدۇ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايسىلەر؛ ۋەھشىي ھايۋانلارنى زېمىندىن يوقىتىمەن، قىلىچمۇ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ؛ \x + \xo 26:6 \xt ئايۇپ 11‏:19،18\x* \v 7 سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلايسىلەر، ئۇلار ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. \v 8 سىلەردىن بەش كىشى يۈز كىشىنى قوغلايدۇ، يۈز كىشى ئون مىڭنى قاچۇرىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭلار بولسا ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. \x + \xo 26:8 \xt يە. 23‏:10\x* \v 9 مەن سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىپ، سىلەرنى پەرزەنت كۆرگۈزۈپ كۆپەيتىمەن، سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى مەزمۇت تۇرغۇزىمەن. \v 10 سىلەر تېخىچە ئۇزۇن ساقلانغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىقىدۇ؛ يېڭىسى ۋەجىدىن كونىسىنى چىقىرىۋېتىسىلەر. \v 11 مەن ئۆز ماكانىمنى ئاراڭلاردا تۇرغۇزىمەن ۋە قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلەنمەيدۇ. \x + \xo 26:11 \xt ئ‍ەز. 37‏:26؛ 2كور. 6‏:16\x* \v 12 مەن ئاراڭلاردا مېڭىپ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن ۋە سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. \m \v 13 مەن سىلەرنى مىسىردا ئۇلارنىڭ قۇللىرى بولۇشتىن ھۆر قىلىشقا شۇ زېمىنىدىن چىقارغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، قەددىڭلارنى تىك قىلىپ ماڭغۇزدۇم. \m \v 14 ھالبۇكى، ئەگەر سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي، \x + \xo 26:14 \xt قان. 28‏:15؛ يىغ. 2‏:17؛ مال. 2‏:2\x* \v 15 بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلاپ، قەلبىڭلاردىن ھۆكۈملىرىمنى يامان كۆرۈپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار، \v 16 مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، ــ مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ. \m \v 17 مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر.\x + \xo 26:17 \xt پەند. 28‏:1\x* \m \v 18 بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، بەلكى ماڭا يەنە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە بولغان جازانى يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن، \v 19 كۈچ-ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛ \f □ \fr 26:19 \ft \+bd «... ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن»\+bd* ــ دېمەك، ئاسماندىن ھۆل-يېغىن چۈشمەيدۇ ھەمدە بەلكىم ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاسماندىن يۇقىرىغا ئۆتمەيدۇ، يەر سۇسىز بولۇپ ئىنتايىن قاتتىقلىشىپ بولىدۇ.\f* \v 20 ئەجىر-جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ. \m \v 21 ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا-كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن. \v 22 ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول-كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ. \v 23 سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار، \v 24 مەنمۇ سىلەرگە قارشى مېڭىپ، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان جازانى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ، مەن ئۆزۈم سىلەرنى ئۇرىمەن؛ \x + \xo 26:24 \xt 2سام. 22‏:27؛ زەب. 18‏:26-27\x* \v 25 ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر. \v 26 سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئون ئايال بىر بولۇپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر.\f □ \fr 26:26 \ft \+bd «سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ...»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «مەن سىلەرنىڭ «نان ھاسا»ڭلارنى سۇندۇرىۋەتكىنىمدە، ...». «يۆلەنچۈك» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «تاياق» ياكى «ھاسا»نى بىلدۈرىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، قەدىمكى زامانلاردا يەھۇدىي خەلقى ئۆز نانلىرىنى بىر تاياقتا (زىخقا ئۆتكۈزگەندەك) كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ئومۇمەن، مەنىسى بىزنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك بولسا كېرەك.\f* \m \v 27 ئەگەر بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، بەلكى ماڭا قارشى ماڭساڭلار، \v 28 مەنمۇ قەھر بىلەن سىلەرگە قارشى ماڭىمەن؛ مەن، يەنى مەن ئۆزۈم گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن جازا-تەربىيىنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ چۈشۈرىمەن. \v 29 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر؛ \x + \xo 26:29 \xt قان. 28‏:53؛ 2پاد. 6‏:28؛ يىغ. 4‏:10\x* \v 30 شۇنداقلا مەن قۇربانلىق «يۇقىرى جاي»لىرىڭلانى ۋەيران قىلىپ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى سۇندۇرۇپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن؛ مېنىڭ قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. \f □ \fr 26:30 \ft \+bd «يۇقىرى جايلار»\+bd* ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا ئۇزۇندىن بېرى تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەرخىل بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەتتا ئاشۇ جايلاردا «ئىنسان قۇربانلىق»لارنى قىلىپ كەلگەن («ئەز.» 21:16، 28:20 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). \+bd ««كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى»\+bd* ــ «كۈن تۈۋرۈك»لەر بەلكىم كۈنگە چوقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇت-ھەيكەللەر بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئىسرىقدانلىرىڭلارنى».\f*  \x + \xo 26:30 \xt 2تار. 34‏:7\x* \v 31 مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، \add قۇربانلىقىڭلارنىڭ\add* خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛ \v 32 زېمىننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىمەن؛ ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار بۇ ئەھۋالغا ھەيرانۇھەس قالىدۇ. \v 33 سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ. \v 34 ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. \x + \xo 26:34 \xt لاۋ. 25‏:2\x* \v 35 ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ. \m \v 36 ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ. \v 37 گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ. \v 38 ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ. \v 39 ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ.\f □ \fr 26:39 \ft \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرىدىكى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدە يۈرۈپ زەئىپلىشىدۇ».\f* \b \m \s1 گۇناھلارنى ئىقرار قىلىپ نىجات تېپىش \m \v 40 ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ، \f □ \fr 26:40 \ft \+bd «... ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ»\+bd* ــ شۇ ئايەتنىڭ قىزىق بىر يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا ئېنىق ھالدا خەلقنىڭ بىرلا چوڭ رەزىللىكى، بىرلا چوڭ ئاسىيلىقى كۆرسىتىلگەندەك تۇرىدۇ. قايسى «بىرلا گۇناھ» دېسەك، جاۋاب شۈبھىسىزكى، ئىنجىلدا تېپىلىدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ، ئۆز قۇتقۇزغۇچى-مەسىھىنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت.\f* \v 41 شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا، \v 42 ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن. \v 43 چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى. \m \v 44 ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا مەن ئۇلارنى تاشلىمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمايمەن، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى بۇزمايمەن، ئۇلارنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. \x + \xo 26:44 \xt قان. 4‏:31؛ رىم. 11‏:26،1\x* \v 45 مەن بەلكى ئۇلارنى دەپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا ئەللەرنىڭ كۆزى ئالدىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن باغلاشقان ئەھدەمنى ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \m \s1 خۇلاسە \m \v 46 پەرۋەردىگار مۇسانى ۋاسىتە قىلىپ، سىناي تېغىدا ئۆزى بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ھۆكۈملەر، بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنلار مانا شۇلار ئىدى. \b \b \m \c 27 \s1 قوشۇمچە قىسىم ــ قەسەم بىلەن خۇداغا ئاتالغان كىشىلەر توغرۇلۇق \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىرسى پەۋقۇلئاددە بىر قەسەم قىلىپ مەلۇم كىشىنىڭ جېنىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇ كىشىگە سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ؛ \f □ \fr 27:2 \ft \+bd «سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە «سەن» باش كاھىن ياكى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان كاھىننى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 يېشى يىگىرمە بىلەن ئاتمىشنىڭ ئارىلىقىدا بولغان ئەر كىشى بولسا، سەن توختىتىدىغان قىممىتى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن؛ ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن. \f □ \fr 27:3 \ft \+bd «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ مۇقەددەس جايدا ساقلاقلىق، مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەملەردىن بىرى بولۇشى كېرەك. «شەكەل» كۈمۈشنىڭ (ياكى ئالتۇننىڭ) ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرام ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. \+bd «... ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن... ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرگىن» دېيىلىدۇ. بىز ئۇنى «...ئۇنىڭ قىممىتى ... توختىتىلسۇن» دەپ مەجھۇل شەكىلدە ئالدۇق. كېيىنكى ئايەتلەردىمۇ بىز شۇ ئىبارىنى «مەجھۇل شەكىل»دە ئىپادىلىدۇق.\f* \v 4 ئايال كىشى بولسا، ئاراڭلاردا توختىتىلغان قىممىتى ئوتتۇز شەكەل بولسۇن. \v 5 ئەگەر يېشى بەش بىلەن يىگىرمىنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، ئەركەك ئۈچۈن توختىتىلىدىغان قىممىتى يىگىرمە شەكەل بولۇپ، ئايال كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. \v 6 ئەگەر يېشى بىر ئاي بىلەن بەش ياشنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئوغۇل بالا ئۈچۈن بەش شەكەل، قىز بالا ئۈچۈن ئۈچ شەكەل كۈمۈش بولسۇن. \v 7 ئەگەر ئاتمىش يا ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشتىكى كىشى بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئەر كىشى ئۈچۈن ئون بەش شەكەل، خوتۇن كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. \m \v 8 ئەگەر بىرسى توختىتىلغان قىممىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئۆزىنى كاھىننىڭ ئالدىدا تەق قىلسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى بېكىتسۇن. كاھىن قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرسۇن. \b \m \s1 قوشۇمچە قىسىم ــ قەسەم ئۈچۈن خۇداغا ئاتالغان ھايۋانلار توغرۇلۇق \m \v 9 ئەگەر بىرسى \add قەسەم قىلىپ\add* پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق بولۇشقا لايىق بولىدىغان بىر ھايۋاننى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنداق ھايۋانلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن؛ \f □ \fr 27:9 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن»\+bd* ــ دېمەك، قۇربانلىقلارغا لايىق بولغان ھايۋانلار قەسەم بىلەن خۇداغا ئاتالغان بولسا، كېيىن ئۇلارنى پۇل تۆلەپ قايتۇۋېلىشقا ھېچ بولمايدۇ. ئۇ ياكى قۇربانلىق بولىدۇ ياكى خۇداغا ۋاكالىتەن تۇرغان كاھىن-لاۋىيلارغا تېگىدۇ.\f* \v 10 ھايۋان ناچار بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىنى ياكى ياخشىنىڭ ئورنىغا ناچىرىنى تېگىشىشكە ياكى ئورنىغا باشقىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇبادا ئاتىغۇچى ئۇ ھايۋاننىڭ ئورنىغا يەنە بىر ھايۋاننى يەڭگۈشلىمەكچى بولسا، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئەكەلگىنىنىڭ ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن. \v 11 ئەگەر ھايۋان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىققا لايىق بولمايدىغان بىر «ناپاك» ھايۋان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋاننى كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن؛ \v 12 ئاندىن كاھىن ئۆزى ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا شۇنداق بولسۇن. \m \v 13 ئەگەر ئىگىسى پۇل تۆلەپ ھايۋاننى قايتۇرۇۋلماقچى بولسا، توختىتىلغان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن. \b \m \s1 قەسەم ئۈچۈن خۇداغا ئاتالغان ئۆيلەر توغرۇلۇق \m \v 14 ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولسۇن دەپ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، كاھىن ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا، شۇ قىممىتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. \v 15 كېيىن ئەگەر ئۆينى ئاتىغۇچى كىشى ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ توختىتىلغان قىممىتىگە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن ئۆي يەنە ئۇنىڭ بولىدۇ. \b \m \s1 قەسەم ئۈچۈن خۇداغا ئاتالغان يەر-ئېتىزلار توغرۇلۇق \m \v 16 ئەگەر بىرسى ئۆز مال-مۈلكى بولغان ئېتىزلىقنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، قىممىتى ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇرۇق تېرىلىدىغانلىقىغا قاراپ توختىتىلسۇن؛ بىر خومىر ئارپا ئۇرۇقى كېتىدىغان يەر بولسا، قىممىتى ئەللىك شەكەل كۆمۈشكە توختىتىلسۇن. \f □ \fr 27:16 \ft \+bd «ئېتىزلىقنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىش»\+bd* ــ بۇ ئىش بەلكىم ئېتىزلىقنى خۇدانىڭ ۋەكىللىرى، يەنى كاھىن-لاۋىيلارغا تاپشۇرۇش ئىدى؛ شۇنداق بولسا، ئۇلار شۇ ئېتىزلىقنىڭ پايدىسىنى يىلمۇ-يىل ئالالايتتى؛ ياكى بولمىسا ئاتىغۇچى كىشى ئۆزى كاھىن تەرىپىدىن توختىتىلغان پۇلىنى بىۋاسىتە كاھىن-لاۋىيلارغا تاپشۇراتتى. \+bd «خومىر»\+bd* ــ «خومىر»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئېشەك كۆتۈرەلىگۈدەك يۈك» بولۇپ، تەخمىنەن 220-300 لىتر.\f* \v 17 ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن تارتىپ ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلسا، سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن. \f □ \fr 27:17 \ft \+bd «... سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «سەن» شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتىكى كاھىننى كۆرسىتىدۇ. «ئازادلىق يىلىدىن تارتىپ» ھېسابلىغان باھا بولسا چوقۇم يۇقىرىقى 16-ئايەت بويىچە قانچە خومىر ئۇرۇق چېچىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەللىك ھەسسىسى (توغرىراق، 49 ھەسسىسى) بولغان شەكەل بولىدۇ، دېگەن كۆرسەتمە بىلەن ھېسابلىنىدۇ. 18-19-ئايەتتە باشقا ئەھۋاللار كۆرسىتىلىدۇ.\f* \v 18 لېكىن ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك يىللار قالغانلىقىنى ھېسابلاپ قىممىتىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ تولۇق باھادىن مۇۋاپىق پۇل كېمەيتىلسۇن. \m \v 19 ئەگەر بىرسى ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ سەن توختاتقان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىق ئۇنىڭ ئۆز قولىغا قايتىدۇ. \m \v 20 ئەگەر ئۇ پۇل بېرىپ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋالمىغان بولسا ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا، كېيىن شۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، \f □ \fr 27:20 \ft \+bd «... ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا،...»\+bd* ــ «ياكى» دېگەننىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «بىراق». \+bd «باشقا بىرسىگە سېتىپ بېرىش»\+bd* ــ بەلكىم ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باشقا بىرسىگە سېتىش. بەزى شەرھچىلەر مۇشۇ يەرنى «باشقا بىرسىگە ساتقۇچى»نى ئېتىزلىققا مەسئۇل كاھىننى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \v 21 بەلكى ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق «ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغاندا» ئۇ مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، مىراس ھوقۇقى كاھىنغا ئۆتىدۇ.\f □ \fr 27:21 \ft \+bd «مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش»\+bd* ــ «مۇتلەق بېغىشلانغان» ئىبرانىي تىلىدا «ھەرەم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئادەتتە خۇداغا مۇتلەق ئاتالغان نەرسىنىڭ ھېچقانداق ئادەمگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گاھى ئەھۋالدا «ھەرەم» دەپ بېكىتىلگەن (خۇداغا مۇتلەق ئاتالغان) نەرسىلەر پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىشى كېرەك.\f* \m \v 22 ئەگەر بىرسى سېتىۋالغان ئەمما ئۆز مىراسى بولمىغان بىر پارچە يەر-ئېتىزنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بولسا، \v 23 كاھىن ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىلنى ھېسابلاپ، قىممىتىنى توختاتسۇن. ئاندىن ئۇ كۈنى شۇ كىشى توختىتىلغان قىممىتىنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلغان نەرسە سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن. \v 24 لېكىن ئازادلىق يىلى كەلگەندە، ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ كىشىگە، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. \m \v 25 سەن توختىتىدىغان بارلىق قىممەتلەر بولسا ھەمىشە مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بوچىچە ھېسابلانسۇن؛ بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر بولىدۇ.\x + \xo 27:25 \xt مىس. 30‏:13؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12\x* \b \m \s1 تۇنجى تۇغۇلغىنىنى خۇداغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىش \m \v 26 لېكىن چارپاينىڭ تۇنجى بالىسى تۇنجى بالا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كالا بولسۇن، قوي-ئۆچكە بولسۇن ھېچكىم ئۇنى «خۇداغا ئاتاپ» مۇقەددەس قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىدى. \x + \xo 27:26 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ 34‏:19؛ چۆل. 3‏:13؛ 8‏:17\x* \v 27 ئەگەر ئۇ ناپاك بىر ھايۋاندىن تۇغۇلغان بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسۇن؛ لېكىن ئەگەر ئىگىسى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالمايمەن دېسە، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن.\f □ \fr 27:27 \ft \+bd «...ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ،...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «سەن» شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتىكى كاھىننى كۆرسىتىدۇ. \+bd «... بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن»\+bd* ــ «مىس.» 19:34-20ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. بىرىنچى بەلگىلىمە چۆل-باياۋاندا بولغان ۋاقىتتا ئىناۋەتلىك ئىدى، بۇ ئىككىنچى بەلگىلىمە بولسا زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن ئىناۋەتلىك بولاتتى.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان نەرسىلەر توغرۇلۇق \m \v 28 ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ. \x + \xo 27:28 \xt يە. 6‏:18؛ 7‏:13-26.\x* \v 29 ئەگەر بىر ئادەم خۇداغا مۇتلەق خاس ئاتالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرىلىپ، قايتۇرۇۋېلىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.\f □ \fr 27:29 \ft \+bd «ئۇ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك»\+bd* ــ خۇدا ئۆزى بىر نەرسىنى «بۇ ماڭا «ھەرەم» (مۇتلەق ئاتالغان) بولسۇن» دېگەن بولسا، ئادەتتە شۇ نەرسە يىرگىنچلىك بولۇپ، ھالاكەتكە لايىق ئىدى. «ھەرەم» دېگەن سۆز «يوقىتىش كېرەك بولغان» دېگەن مەنىدە. بىرنەچچە مىساللار تۆۋەندىكى ئايەتلەردە تېپىلىدۇ: ــ «مىس.» 20:22، «چۆل.» 14:18، 2:21-3، «قان.» 15:13، «يە.» 17:6-18، 21. بەزىدە «ھەرەم» خۇداغا ئاتالغان ئېسىل، ياخشى نەرسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 «ئوندىن بىر» ئۆشرە بولغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇۋېلىش توغرۇلۇق \m \v 30 يەر-زېمىندىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە بولسا، يەرنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭكى بولىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنغاندۇر. \f □ \fr 27:30 \ft \+bd «... ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە»\+bd* ــ «ئەشرە» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە خۇداغا ئاتالغان، مەھسۇلاتلاردىن ئوندىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «دانلىق زىرائەتلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دانلىرى».\f* \v 31 بىرسى ئۆز ئۆشرىلىرىدىن مەلۇم بىرنەرسىنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ شۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، قايتۇرۇۋالسۇن. \m \v 32 كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن ئېلىنىدىغان ئۆشرە بولسا پادىچىنىڭ تايىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن ھەر ئونىنچىسى بولسۇن؛ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس قىلىنغىنى شۇ بولسۇن. \v 33 ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قارىمىسۇن ۋە ياكى ئۇنى ئالماشتۇرمىسۇن؛ ئەگەر ئۇنى ئالماشتۇرىمەن دېسە، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن؛ ئۇ ھەرگىز بەدەل تۆلۈپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن. \b \m \v 34 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا تاپىلغان، ئىسرائىللارغا تاپشۇرۇش كېرەك بولغان ئەمرلەر مانا شۇلار ئىدى.