\id LAM \h يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى \toc1 يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى \toc2 يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى \toc3 يىغ. \mt1 يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى \c 1 \s1 «يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يىغا-زارلىرى» •••• 1-مۇناجات ــ يېرۇسالېمنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى \m \v 1 |א| (ئالەف) ئاھ! \m ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، \m ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ! \m ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى، \m ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى! \m ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە، \m ھاشارغا تۇتۇلدى!\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ!...»\+bd* ــ ئىزاھات: بىرىنچى بابتا يەرەمىيا يېرۇسالېمنى مۇسىبەتتە بولغان ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ، ئۇنىڭ دەردىدە قايغۇرىدۇ. قارىشىمىزچە، مۇشۇ بابتىكى «ئۇ» يېرۇسالېم (زىئون)نى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا «ئۇ» مۇسىبەتلىك ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بىرىنچى بابتا «مەن» ــ پەيغەمبەر ئۆزىنى يېرۇسالېمنىڭ ئورنىغا قويۇپ، مۇسىبەتلىك ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە يېرۇسالېمنىڭ ئورنىدا قايغۇرىدۇ («مەن» ياكى «ئۇ» ئايالچە رودتا ئىپادىلەنگەن.\f* \m \v 2 |ב| (بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛ \m مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛ \m ئاشنىلىرى ئارىسىدىن، \m ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛ \m بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى، \m ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «ئاشنىلىرى» ... «دوستلىرى»....\+bd* ــ يېرۇسالېمغا ئىتتىپاقداش بولايلى دېگەن يات ئەللەرنى ياكى يېرۇسالېمدىكىلەر تايانغان بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:2 \xt زەب. 6‏:6-7\x* \m \v 3 |ג| (گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا، \m سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛ \m ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى، \m ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛ \m ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، \m ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇقتىن كېيىن، ...».\f* \m \v 4 |ד| (دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، \m زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا. \m بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى، \m كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە، \m قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛ \m ئۆزى بولسا، \m قاتتىق ئازابلانماقتا. \m \v 5 |ה| (خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى، \m دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن، \m پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى. \m ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى، \m كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى. \f □ \fr 1:5 \ft \+bd «دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دۈشمەنلىرى ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى».\f* \m \v 6 |ו| (ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛ \m ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛ \m ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى»\+bd* ــ ياكى «بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».\f* \m \v 7 |ז| (زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە، \m خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن، \m ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا، \m يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى، \m قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛ \m كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛ \m كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغ»\+bd* ــ يەھۇدا ھەردائىم باشقا ئەللەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولماقچى بولۇپ كەلگەن ــ لېكىن ھالقىلىق پەيتتە «ئىتتىپاقداشلىرى» ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم قىلمىغان.\f* \m \v 8 |ח| (خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛ \m ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە، \m ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛ \m ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇڭا ئۇ مازاقنىڭ ئوبيېكتى بولدى».\f*  \x + \xo 1:8 \xt يەش. 47‏:3\x* \m \v 9 |ט| (تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛ \m ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛ \m ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛ \m ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛ \m ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا! \m چۈنكى دۈشمەن \add ھالىمدىن\add* ماختىنىپ كەتتى!»\x + \xo 1:9 \xt قان. 32‏:29\x* \m \v 10 |י| (يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛ \m ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛ \m سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ! \m \v 11 |כ| (كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ، \m ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛ \m جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، \m ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى. \m «ئاھ پەرۋەردىگار، قارا! \m مەن ئەرزىمەس سانالدىم.\x + \xo 1:11 \xt يەر. 52‏:6\x* \m \v 12 |ל| (لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، \m بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟ \m قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟ \m پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە، \m ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى.\x + \xo 1:12 \xt ئايۇپ 19‏:21؛ زەب. 69‏:19-20؛ مات. 26‏:38-40\x* \m \v 13 |מ| (مەم) ئۇ يۇقىرىدىن ئوت ياغدۇردى، ئوت سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كۆيدۈردى. \m ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. \m ئۇ پۇتلىرىم ئۈچۈن تور-تۇزاقنى قويۇپ قويدى، \m مېنى كەينىمگە ياندۇردى، \m ئۇ مېنى نابۇت قىلدى، \m كۈن بويى ئۇ مېنى زەئىپلەشتۈردى. \m \v 14 |נ| (نۇن) ئاسىيلىقلىرىم بويۇنتۇرۇق بولۇپ بوينۇمغا باغلاندى؛ \m قوللىرى تانىنى چىڭ چىگىپ چەمبەرچاس قىلىۋەتتى؛ \m ئاسىيلىقلىرىم بوينۇمغا ئارتىلدى؛ \m ئۇ دەرمانىمنى مەندىن كەتكۈزدى؛ \m رەب مېنى مەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇردى. \m \v 15 |ס| (سامەق) رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى؛ \m ئۇ مېنىڭ خىل يىگىتلىرىمنى ئېزىشكە، \m ئۈستۈمدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كېڭەش چاقىردى. \m رەب گويا ئۈزۈم كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەرنى چەيلىگەندەك، \m يەھۇدانىڭ پاك قىزىنى چەيلىۋەتتى.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى»\+bd* ــ «ئوتتۇرۇمدىلا» بولسا يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا.\f* \m \v 16 |ע| (ئايىن) مۇشۇلار تۈپەيلىدىن تاراملاپ يىغلىماقتىمەن؛ \m مېنىڭ كۆزلىرىم، مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ؛ \m ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى مەندىن يىراقتۇر؛ \m بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، \m چۈنكى دۈشمەن غەلىبە قىلدى.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمغا مەدەت بەرگۈچى»\+bd* ــ خۇدا ئۆزىدۇر. \+bd «بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، سۆزلىگۈچى ھازىر يېرۇسالېم، شۇڭا «مېنىڭ بالىلىرىم» ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:16 \xt يەر. 13‏:17\x* \m \v 17 |פ| (پې) زىئون قولىنى سوزماقتا، \m لېكىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوق؛ \m پەرۋەردىگار ياقۇپ توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ــ \m قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن! \m يېرۇسالېم ئۇلار ئارىسىدا نىجىس نەرسە دەپ قارالدى.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى ئەتراپىغا ئولاشسۇن!».\f* \b \m \s1 يېرۇسالېم سۆزلەيدۇ \m \v 18 |צ| (تسادە) پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ \m چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىم! \m ئەي، بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! \m دەردلىرىمگە قاراڭلار! \m پاك قىزلىرىم، ياش يىگىتلىرىم سۈرگۈن بولدى! \m \v 19 |ק| (كوف) ئاشنىلىرىمنى چاقىردىم، \m لېكىن ئۇلار مېنى ئالدىغانىدى؛ \m جان ساقلىغۇدەك ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەپ يۈرۈپ، \m كاھىنلىرىم ھەم ئاقساقاللىرىم شەھەردە نەپەستىن قالدى.\x + \xo 1:19 \xt يەر. 30‏:14\x* \m \v 20 |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئازار چېكىۋاتىمەن! \m ھەددىدىن زىيادە ئاسىيلىق قىلغىنىم تۈپەيلىدىن، \m ئىچ-باغرىم قىينىلىۋاتىدۇ، \m يۈرىكىم ئۆرتىلىپ كەتتى. \m سىرتتا قىلىچ \add ئانىسىنى بالىسىدىن\add* جۇدا قىلدى، \m ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە!\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىچىدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە».\f*  \x + \xo 1:20 \xt يەش. 16‏:11؛ يەر. 48‏:36\x* \m \v 21 |ש| (شىين) \add خەقلەر\add* ئاھ-زارلىرىمنى ئاڭلىدى؛ \m لېكىن تەسەللى بەرگۈچىم يوقتۇر؛ \m دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلپىتىمدىن خەۋەردار بولۇپ، \m بۇ قىلغىنىڭدىن خۇشال بولدى؛ \m سەن جاكارلىغان كۈننى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەيسەن، \m شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى مېنىڭكىدەك بولىدۇ. \f □ \fr 1:21 \ft \+bd «سەن جاكارلىغان كۈن...»\+bd* ــ خۇدا يەرەمىياغا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىسرائىلنى جازالايدىغان بىر كۈننى ھەم يات ئەللەرنى جازالايدىغان بىر كۈننى ۋەھىي قىلغانىدى.\f* \m \v 22 |ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەيسەن، \m بارلىق ئاسىيلىقلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق قىلغان بولساڭ، \m ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ \m چۈنكى ئاھ-زارلىرىم نۇرغۇندۇر، \m قەلبىم ئازابتىن زەئىپلىشىپ كەتتى! \b \b \m \c 2 \s1 2-مۇناجات ــ يېرۇسالېمنىڭ جازالىنىشى \m \v 1 |א| (ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى! \m ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى، \m غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسى» ... «(خۇدانىڭ) ئۆز تەختىپەرى»\+bd* ــ بۇلار خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى كۆزدە تۇتۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 2 |ב| (بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛ \m ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛ \m ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ، \m يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرى»\+bd* ــ «ياقۇپ» مۇشۇ ئايەتلەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى»\+bd* ــ «قەلئە-قورغانلىرى» بەلكىم يەھۇدانىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 |ג| (گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛ \m دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛ \m لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك، \m ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى. \f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى»\+bd* ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ پەخرى بولغان ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلىرىنى ياكى باتۇر ئەزىمەتلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۈڭگۈزلەر ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس! \+bd «ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ياقۇپ» ياقۇپنىڭ (ئىسرائىلنىڭ) زېمىنى ۋە شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 4 |ד| (دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛ \m ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛ \m كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛ \m زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە، \m قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛ \m \v 5 |ה| (خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛ \m ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى، \m ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛ \m ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى، \m يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى. \m \v 6 |ו| (ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛ \m ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛ \m پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى \add خەلقىنىڭ\add* ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛ \m غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى»\+bd* ــ «ئۇنىڭ كەپىسى» مۇشۇ يەردە يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ؛ گەرچە ئىبادەتخانا غايەت زور ئىمارەت بولسىمۇ، ئىبادەتخانا خۇدا ئالدىدا پەقەت بىر «كەپە»، ۋاقىتلىق بىر نەرسە، خالاس. \+bd «ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئىبادەت سورۇنىنى يوقىتىۋەتتى». بۇ كېيىنكى تەرجىمە توغرا بولسا، ئۇمۇ ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى»\+bd* ــ «شاباتلار»، (يەنى «شابات كۈنلىرى») ــ «شابات» دەم ئېلىش كۈنى، خۇدا ئىسرائىلغا: سىلەرگە مۇقەددەس كۈن بولسۇن دەپ بېكىتكەن، شەنبە كۈنىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 7 |ז| (زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى، \m مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛ \m ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ \m ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، \m ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى! \m \v 8 |ח| (خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛ \m ئۇ ئۇنىڭغا \add ھالاك\add* ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛ \m ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛ \m ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛ \m ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ... ئۇنىڭغا ھالاك ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان»\+bd* ــ دېمەك، ھەممىگە قادىر خۇدا يېرۇسالېمنىڭ ھالاك بولۇشىنى ئاللىقاچان تەپسىلىي ئۆلچەپ قويغانىدى.\f* \m \v 9 |ט| (تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛ \m ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. \m پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛ \m تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى، \m پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ.\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى»\+bd* ــ كونا زامانلاردا شەھەرنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى مۆتىۋەرلەر سوراق قىلىش، نەسىھەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىشكە ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى (14:5نى كۆرۈڭ). \+bd «تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق»\+bd* ــ ياكى «تەۋرات». ئىبرانىي تىلىدا «تەۋرات» دېگەن سۆز «يوليورۇق»، «تەربىيە» دېگەن مەنىدە. \+bd «پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ»\+bd* ــ «پەيغەمبەرلىرى» خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئەمەس، بەلكى «يەھۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى». بۇ كىنايىلىك گەپ، ئۇ «ساختا پەيغەمبەرلەر»نى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەت، «يەر.» 13:14-18نىمۇ كۆرۈڭ)؛ ئەزاكىيال پەيغەمبەر ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەر ئاللىقاچان يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى توغرۇلۇق ئالدىنئالا تەپسىلىي بېشارەت بەرگەنىدى.\f* \m \v 10 |י| (يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى، \m يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛ \m ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛ \m ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛ \m يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. \m \v 11 |כ| (كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛ \m ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛ \m جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى، \m چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى، \m چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا. \m \v 12 |ל| (لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، \m ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، \m ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نان-شاراب نەدە؟». قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بەلكىم پەقەت شارابلا قالدىمۇ، سۇ يوقمىدۇ؟\f* \m \v 13 |מ| (مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ \m سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ \m ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟ \m چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛ \m كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟...»\+bd* ــ ئايەتتىكى بارلىق سۆزلەر بەلكىم زىئوننىڭ دەرد-ئەلىمىنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (ئاخىرىدا «ياراڭ» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ). \+bd «... سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... سېنىڭ بۆسۈلگەن جايىڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر».\f* \m \v 14 |נ| (نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛ \m ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى، \m شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. \m ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر»\+bd* ــ «بېشارەتلەر» ئىبرانىي تىلىدا «يۈكلەر» ياكى «يۈكلىگەن بېشارەتلەر. ئادەتتە «يۈك» دېگەن سۆز بېشارەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، ۋەزىنىنى، مۇھىم سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە «يۈك»، شۈبھىسىزكى، ھەجۋىي گەپ بولۇپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ «بېشارەتلىرى» كىشىلەرگە ھېچ ئىلھام ياكى مەدەت بەرمەي، ئەكسىچە، ئەمەلىيەتتە، ئادەملەرگە «ئېغىر يۈك» ئارتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. \fp «ئېزىتقۇلۇق»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «چىقىرىشقا (يەنى، سۈرگۈن بولۇشقا) سەۋەبچى» دېگەن بولىدۇ.\f* \m \v 15 |ס| (سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛ \m ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ \m «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟»\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ»\+bd* ــ بۇ «چاۋاكلىشىش» مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرسە كېرەك. يەرۇسالېمنى كۈرسىتىغان «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى» «پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دېگەن ئىبارىلەر «زەب.» 2:50 ۋە 2:48دىن ئېلىنغان.\f* \m \v 16 |פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ \add مازاق قىلماقتا\add*، \m ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛ \m ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق! \m بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر! \m بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە. \m \v 17 |ע| (ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ \m قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛ \m ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛ \m ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛ \m كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى.\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى...»\+bd* ــ پەرۋەردىگار ئۇزۇندىن بۇيان (مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ) ئىسرائىلغا بۇتپەرەسلىك ۋە ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنىدى.\f* \m \v 18 |צ| (تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا! \m ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى! \m ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن! \m ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛ \m ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن!\x + \xo 2:18 \xt يەر. 14‏:17؛ يىغ. 1‏:16\x* \m \v 19 |ק| (كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر، \m كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل! \m كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛ \m نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر! \m ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە. \m \v 20 |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، \m سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! \m ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ \m كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟!\x + \xo 2:20 \xt يىغ. 4‏:10\x* \m \v 21 |ש| (شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛ \m پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛ \m ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛ \m ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن. \m \v 22 |ת| (تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك، \m مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛ \m ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى.\f □ \fr 2:22 \ft \+bd «مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ»\+bd* ــ «يەر.» 3:20 ۋە 10نى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 3 \s1 3-مۇناجات ــ جازا ۋە ئۈمىد •••• ئازاب تارتقۇچى دەرد-ئەلەم تۆكىدۇ \m \v 1 |א| (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن...»\+bd* ــ 3-بابتا (1-66) سۆزلىگۈچى بەلكىم يەرەمىيانىڭ ئۆزى؛ ئۇ بەزى يەرلەردە (1) «يېرۇسالېمغا ۋەكىل بولۇپ» سۆزلەيدۇ؛ (2) (بىزنىڭچە) يەنە بەزى يەرلەردە مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ئارقىلىق مەسىھنىڭ گۇناھىمىز ئۈچۈن تارتىدىغان قۇربانلىق ئازابلىرىنى ئالدىنئالا كۆرسىتىدۇ. \+bd «مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئادەم» دېگەن سۆز، ئادەتتە «ئەركەك»، «ئوغۇل بالا»، باتۇر-پالۋاننى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى، \m نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛ \m \v 3 بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛ \m \v 4 |ב| (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، \m سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى. \m \v 5 ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى، \m ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى. \m \v 6 ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. \m \v 7 |ג| (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ \m زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى. \m \v 8 مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ، \m ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى. \m \v 9 ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى، \m چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى. \m \v 10 |ד| (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، \m پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر. \m \v 11 مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تېتما-تىتما قىلدى؛ \m مېنى تۈگەشتۈردى. \m \v 12 ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ، \m مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى. \m \v 13 |ה| (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى.\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى»\+bd* ــ ئىبرانىيلار بۆرەكنى ۋىجدان ياكى ھېسسىياتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى.\f* \m \v 14 مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى، \m كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم. \m \v 15 ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، \m كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى. \m \v 16 |ו| (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، \m مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛ \m \v 17 جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ \m ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جېنىمنى تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇردۇڭسەن».\f* \m \v 18 مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم. \m \v 19 |ז| (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، \m ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى \add يەپ-ئىچكىنىمنى\add* ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!\f □ \fr 3:19 \ft \+bd «مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى يەپ-ئىچكىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىم، مېنىڭ سەرگەردان بولغانلىرىمنى ئەسلىسەم، ئەمەن يېگەندەك ۋە ئۆت سۈيىنى ئىچىۋالغاندەك بولىمەن».\f* \m \v 20 جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، \m يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا. \m \v 21 لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى، \m شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ \x + \xo 3:21 \xt زەب. 73‏:17\x* \m \v 22 |ח| (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛\f □ \fr 3:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدۇ؛...»\f*  \x + \xo 3:22 \xt يەش. 1‏:9؛ ھاب. 3‏:13\x* \m \v 23 ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ \m سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر!\x + \xo 3:23 \xt زەب. 30‏:5\x* \m \v 24 ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ \m شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن.\x + \xo 3:24 \xt ھاب. 2‏:3\x* \m \v 25 |ט| (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، \m ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛ \m \v 26 پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، \m ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر.\f □ \fr 3:26 \ft \+bd «ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر»\+bd* ــ «سۈكۈت ئىچىدە» دېگەنلىك مۇشۇ يەردە يەنە «سەۋر-تاقەت بىلەن» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 27 ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر.\f □ \fr 3:27 \ft \+bd «ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ بەلكىم ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) ئادەم ياش ۋاقتىدا جاپا-مۇشەقەتنى كۆرۈش ياخشى ئىشتۇر؛ (2) بابىلنىڭ بويۇنتۇرۇقى يۈكلەنگەنلەر (سۈرگۈن بولغانلار) ئارىسىدىن ياشلار ئاخىرىدا بۇ بويۇنتۇرۇقنىڭ (تەخمىنەن 60 يىلدىن كېيىن) ئېلىپ تاشلىنىشىنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا شۇ چاغدا «بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرگەن ياشلار»نىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇلارغا نىسبەتەن «ياشلىقتا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈش ياخشى ئىشتۇر».\f* \m \v 28 |י| (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ \m چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى. \m \v 29 يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن، \m ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟\f □ \fr 3:29 \ft \+bd «يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىنى تۇپراققا باستۇرسۇن». بۇ ھەرىكەت قاتتىق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:29 \xt روس. 8‏:22\x* \m \v 30 مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛ \m تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن! \m \v 31 |כ| (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ \m \v 32 ئازار بەرگەن بولسىمۇ، \m ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ \m \v 33 چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر. \m \v 34 |ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا، \m \v 35 ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا، \m \v 36 ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟ \m \v 37 |מ| (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، \m كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟\x + \xo 3:37 \xt زەب. 33‏:9\x* \m \v 38 كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 3:38 \xt يەش. 45‏:7؛ ئام. 3‏:6\x* \m \v 39 ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، \m ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟\f □ \fr 3:39 \ft \+bd «ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟»\+bd* ــ گۇناھلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسى جىسمانىي ھەم روھىي ئۆلۈم بولسا، بىز تىرىك چاغدا شۇ تېگىشلىك جازانى تېخى تارتمىدۇق.\f* \m \v 40 |נ| (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، \m پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛ \m \v 41 قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى! \m \v 42 بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛ \m سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ. \m \v 43 |ס| (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ \m سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ. \m \v 44 سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى، \m دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس. \m \v 45 سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ. \m \v 46 |פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ \add مازاق قىلدى\add*؛ \m \v 47 ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق، \m ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت. \m \v 48 خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن، \m كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. \m \v 49 |ע| (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، \m ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ، \m \v 50 تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ \add ھالىمىزغا\add* قارىغۇچە. \m \v 51 مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە، \m شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن. \m \v 52 |צ| (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، \m مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى. \m \v 53 ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ، \m ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى. \m \v 54 سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ \m مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم.\f □ \fr 3:54 \ft \+bd «سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەرەمىيا پەيغەمبەر «سۇ ئازگىلى»غا تاشلىۋېتىلگەن. لېكىن مۇشۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان دەردلەر ئاشۇ سەرگۈزەشتتىن ئېشىپ كېتىدۇ.\f* \m \v 55 |ק| (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ \m \v 56 سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛ \m قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالمىغىن! \m \v 57 ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، \m «قورقما» ــ دېدىڭ. \m \v 58 |ר| (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ \m سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ. \m \v 59 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛ \m مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ \m \v 60 سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى، \m بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن. \m \v 61 |ש| (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، \m مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن، \m \v 62 ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، \m ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن. \m \v 63 ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن! \m مەن ئۇلارنىڭ \add مەسخىرە\add* ناخشىسى بولدۇم. \m \v 64 |ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛ \m \v 65 ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن! \m بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ! \m \v 66 غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن، \m ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن! \b \b \m \c 4 \s1 4-مۇناجات ــ خارابىلىك ئىچىدە تۇرغان يېرۇسالېم \m \v 1 |א| (ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى! \m ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى! \m مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى!\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار...»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ تەركىبى بولغان يوغان ئويۇلغان تاشلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «تاشلار» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «گۆھەر، ياقۇتلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بۇ گۆھەرلەرنى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 605-يىلى بابىلغا ئېلىپ كەتكەنىدى.\f* \m \v 2 |ב| (بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك، \m ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى، \m ھازىر ساپال كوزىلاردەك، \m ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ \add قىممىتى يوق\add* دەپ قارىلىۋاتىدۇ! \m \v 3 |ג| (گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛ \m لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى»\+bd* ــ تۆگىقۇشلار ئادەتتە ئۆز بالىلىرىنى باقمايدۇ؛ بالىلىرى ئۆز-ئۆزىنى باقىدۇ.\f* \m \v 4 |ד| (دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛ \m كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە، \m ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. \m \v 5 |ה| (خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛ \m سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ. \m \v 6 |ו| (ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ \m چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنىڭ ئۈستىگە ئوت-گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تارتقان جازاسى ئىنتايىن قىسقا بولغان، يېرۇسالېمنىڭكىدەك ئۇزۇنغىچە سوزۇلغان ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇ «ئادەمنىڭ قولى»نىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئەمەس.\f* \m \v 7 |ז| (زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى، \m تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق،... تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى»\+bd* ــ «نازارىي»لار بولسا مەلۇم مەزگىلدە ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزلىرىنى خۇداغا ئالاھىدە ئاتاپ تاپشۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇلار «نازارىي» بولغان ۋاقىتتا چاچلىرىنى چۈشۈرمەيتتى، ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەيتتى (تەۋرات، «چۆل.» 1:6-21نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 8 |ח| (خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛ \m كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛ \m بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛ \m ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى. \f □ \fr 4:8 \ft \+bd «بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تېرىسى ئۇستىخانلىرىغا چاپلىشىدۇ».\f* \m \v 9 |ט| (تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛ \m چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە، \m تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا. \m \v 10 |י| (يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛ \m خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى. \m \v 11 |כ| (كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى، \m ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛ \m زىئوندا بىر ئوت يېقىپ، \m ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى. \m \v 12 |ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا، \m نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. \m \v 13 |מ| (مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، \m كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، \m ئۇلارنىڭ \add زىئوندا\add* ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن، \m ــ بۇ ئىش \add بېشىغا\add* چۈشتى!\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھلىرى»نى ئەمەس، بەلكى «پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى»\+bd* ــ ئىسرائىلدا تۇرغان بۇ «پەيغەمبەرلەر» خۇدانى ئەمەس، بەلكى خەلقنى رازى قىلىش ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 |נ| (نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە، \m ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، \m ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd «ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپىلانغان قانۇن بويىچە، «ئۆلۈك»كە تەگكەن ئادەم «بۇلغانغان»، «ناپاك» ھېسابلىناتتى. ئۆلگەن نەرسىلەرگە ياكى «ناپاك» ئادەملەرگىمۇ تەگكەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىر مەزگىلگىچە «ناپاك» بولىدۇ. مۇشۇ كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنكى، كىيىم-كېچەكلىرى ھەردائىم «بۇلغانغان» بولۇپ، ھېچكىم ئۇلارغا تېگىشكە پېتىنالمايتتى.\f* \m \v 15 |ס| (سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. \m ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ \m لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ. \m \v 16 |פ| (پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛ \m ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ \m كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى، \m ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 17 |ע| (ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛ \m دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق.\f □ \fr 4:17 \ft \+bd «بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەل»\+bd* ــ ئىسرائىل ھەردائىم ئاۋۋال مىسىر بىلەن، ئاندىن ئاسۇرىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمەكچى بولۇپ، ئۇلاردىن ياردەم سورايتتى (مەسىلەن، 6:5نى، «يەر.» 18:2نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 4:17 \xt ئ‍ەز. 29‏:16\x* \m \v 18 |צ| (تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛ \m شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛ \m ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛ \m چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى! \m \v 19 |ק| (كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛ \m تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى، \m باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى. \m \v 20 |ר| (رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا-تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛ \m بىز ئۇ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق!\f □ \fr 4:20 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «مەسىھ قىلىش» كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق ياغ قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ «مەسىھ قىلىنغان» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» («پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») دەپ ئاتالغان. «مەسىھ قىلىش» مۇراسىمى خۇدانىڭ ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە ياردىمى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \fp ئەيسا «مەسىھ»نىڭ ئۈستىگە بولسا ياغ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلغان.\f* \m \v 21 |ש| (شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن! \m لېكىن بۇ \add جازا\add* قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ \m سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن!\f □ \fr 4:21 \ft \+bd «ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن!»\+bd* ــ ئېدوم ئىسرائىلغا ئۆچ بولۇپ، ھەردائىم ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەندە خۇش بولىدۇ. \+bd «لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن!»\+bd* ــ «قەدەھ» ــ خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان «قەدەھ»نى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «يەر.» 15:25-17، 28نى كۆرۈڭ). ئېدوم ئۇنى ئىچكەن كۈنىدە «يالىڭاچ» بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا مۇھاپىزەتسىز قالىدۇ، شۇنىڭدەك بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ.\f* \m \v 22 |ת| (تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛ \m ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛ \m لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛ \m ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ! \b \b \m \c 5 \s1 5-مۇناجات ــ ئىسرائىلنىڭ رەھىم تىلەش دۇئاسى \m \v 1 بېشىمىزغا چۈشكەنلەرنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m قارا، بىزنىڭ رەسۋاچىلىقتا قالغىنىمىزنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن! \m \v 2 مىراسىمىز ياتلارغا، \m ئۆيلىرىمىز ياقا يۇرتلۇقلارغا تاپشۇرۇلدى. \f □ \fr 5:2 \ft \+bd «مىراسىمىز»\+bd* ــ ئىسرائىلغا تەۋە قىلىنغان زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئۇلارغا ئۇنى مىراس قىلغانىدى.\f* \m \v 3 بىز يېتىم-يېسىرلەر، ئاتىسىزلار بولۇپ قالدۇق؛ \m ئانىلىرىمىزمۇ تۇل قالدى. \m \v 4 ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ \m ئوتۇننى پەقەت پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ. \m \v 5 بىزنى قوغلىغۇچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ \m ھالسىراپ، ھېچ ئارام تاپالمايمىز. \m \v 6 جان ساقلىغۇدەك بىر چىشلەم ناننى دەپ، \m مىسىر ھەم ئاسۇرىيەگە قول بېرىپ بويسۇنغانمىز. \m \v 7 ئاتا-بوۋىلىرىمىز گۇناھ سادىر قىلىپ دۇنيادىن كەتتى؛ \m بىز بولساق، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرۈشكە قالدۇق. \m \v 8 ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر؛ \m بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغۇچى يوقتۇر.\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر»\+bd* ــ «قۇللار» بەلكىم مۇستەبىت ھۆكۈمدارلىققا چىققان قۇللارنى كۆرسىتىدۇ؛ تەۋرات «پەند.» 21:30-22نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 9 دالادا قىلىچ تۈپەيلىدىن، \m نېنىمىزنى تېپىشقا جېنىمىزنى تەۋەككۇل قىلماقتىمىز. \m \v 10 تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، \m ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا. \m \v 11 زىئوندا ئاياللار، \m يەھۇدا شەھەرلىرىدە پاك قىزلار ئاياغ ئاستى قىلىندى. \m \v 12 ئەمىرلەر قولىدىن دارغا ئېسىپ قويۇلدى؛ \m ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمىتى ھېچ قىلىنمىدى. \m \v 13 ياش يىگىتلەر يارغۇنچاقتا جاپا تارتماقتا، \m ئوغۇل بالىلىرىمىز ئوتۇن يۈكلەرنى يۈدۈپ دەلدەڭشىپ ماڭماقتا. \m \v 14 ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى؛ \m يىگىتلەر نەغمە-ناۋادىن قالدى.\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى»\+bd* ــ ئادەت بويىچە ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئولتۇرۇپ سوت-ھۆكۈم بەجا كەلتۈرەتتى.\f* \m \v 15 شاد-خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، \m ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى. \m \v 16 بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ \m ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق! \m \v 17 بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ \m بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ \m \v 18 ــ زىئون تېغىغا قاراپ كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى، \m چۈنكى ئۇ چۆلدەرەپ كەتتى، \m چىلبۆرە ئۇنىڭدا پايلاپ يۈرمەكتە. \m \v 19 سەن، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىسەن؛ \m تەختىڭ دەۋردىن-دەۋرگە داۋاملىشىدۇ. \m \v 20 سەن نېمىشقا بىزنى دائىم ئۇنتۇيسەن؟ \m نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە بىزدىن ۋاز كېچىسەن؟ \m \v 21 بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار! \m شۇنداق بولغاندا بىز قايتالايمىز! \m كۈنلىرىمىزنى قەدىمكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەيسەن، \m \v 22 ــ ئەگەر سەن بىزنى مۇتلەق چەتكە قاقمىغان بولساڭ، \m ئەگەر بىزدىن چەكسىز غەزەپلەنمىگەن بولساڭ!