\id JON \h يۇنۇس \toc1 يۇنۇس \toc2 يۇنۇس \toc3 يۇن. \mt1 يۇنۇس \c 1 \s1 يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگار بەرگەن ۋەزىپىدىن قېچىشى \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا يېتىپ كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: — \v 2 «ئورنۇڭدىن تۇر، دەرھال نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەردىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى مېنىڭ كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرىدۇ». \x + \xo 1:2 \xt يار. 10‏:11،12؛ يۇن. 3‏:3\x* \m \v 3 بىراق يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىش دېگەن يۇرتقا كەتمەكچى بولدى. شۇڭا ئۇ يوپپا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان كېمە تېپىپ، كىراسىنى تۆلەپ ئۇنىڭغا چۈشتى ۋە كېمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى. \f □ \fr 1:3 \ft \+bd «تارشىش»\+bd* - قەدىمكى زامانلاردا «تارشىش» دەيدىغان ئۈچ يۇرت بار ئىدى. بىرىنچىسى، شىمالىي ئافرىقىدا (ھازىرقى ماراكەش ئەتراپىدا)؛ ئىككىنچىسى ئىسپانىيە، ئۈچىنچىسى ئەنگلىيە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مۇشۇ يەردە قايسى تارشىش ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەلەستىندىن ئىنتايىن يىراق، نىنەۋەگە بارىدىغان يولنىڭ ئەكسى يۆنىلىشىدە بولۇپ بىرنەچچە مىڭ كىلومېتر يىراقلىقتا ئىدى. \+bd «يوپپا»\+bd* - «يوپپا»نىڭ ھازىرقى ئىسمى «خايفا» ياكى «جاففا»، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم پورتىدۇر.\f* \m \v 4 پەرۋەردىگار بولسا زور بىر بوراننى دېڭىزغا تاشلىدى؛ شۇڭا دېڭىزدا دەھشەتلىك قارا بوران چىقىپ، كېمە پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى. \v 5 كېمىچىلەر بولسا بەك قورقۇپ كېتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىلاھلىرىغا خىتاب قىلىپ دۇئا قىلىشتى؛ ئۇلار كېمىنى يېنىكلىسۇن دەپ ئۇنىڭدىكى يۈك-تاقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. بىراق يۇنۇس بولسا، كېمىنىڭ ئاستى قەۋىتىگە چۈشۈۋېلىپ، شۇ يەردە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقانىدى. \m \v 6 كېمە باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئەي، ئۇخلاۋاتقان كىشى، بۇ قانداق قىلىغىنىڭ؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭنى سېغىنىپ نىدا قىل! كىم بىلىدۇ، ئىلاھىڭنىڭ نەزىرى چۈشۈپ بىزنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالامدۇ تېخى؟» ــ دېدى. \v 7 ئۇلار بىر-بىرىگە: — كېلىڭلار، بۇ كۈلپەتنىڭ كىمنىڭ ۋەجىدىن بېشىمىزغا چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلايلى، — دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەك تاشلاشتى؛ ئاخىردا چەكتە يۇنۇس چىقىپ قالدى. \m \v 8 ئۇلار ئۇنىڭدىن: — قېنى، ئېيت، بېشىمىزغا چۈشكەن بۇ كۈلپەت كىمنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ؟ سېنىڭ تىرىكچىلىكىڭ نېمە؟ نەدىن كەلدىڭ؟ قايسى ئەل، قايسى مىللەتتىن سەن؟ — دەپ سورىدى. \m \v 9 ئۇ ئۇلارغا: — مەن بولسام ئىبرانىي مىللىتىدىن، ئەرشلەردىكى خۇدادىن، يەنى دېڭىزنى، يەر-زېمىننى ياراتقان پەرۋەردىگاردىن قورققۇچىمەن، دېدى.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئىبرانىي مىللىتىدىن»\+bd* — يەنى يەھۇدىي مىللىتىدىن.\f* \m \v 10 بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇتىۋەتتى. ئۇلار: «سەن زادى نېمە ئىش قىلغان؟» — دەپ سورىدى \add چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن قاچقانلىقىنى بىلگەنىدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى\add*. \m \v 11 ئۇلار ئۇنىڭدىن: — ئەمدى بىز سېنى قانداق قىلساق دېڭىز بىز ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؟ — دەپ سورىدى؛ چۈنكى دېڭىز دولقۇنى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. \m \v 12 ئۇ ئۇلارغا: — مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇ چاغدا دېڭىز سىلەر ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؛ چۈنكى بىلىمەنكى، بۇ زور بوران مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرگە چۈشتى، — دېدى. \m \v 13 بىراق بۇ ئادەملەر كۈچەپ پالاق ئۇرۇپ قىرغاققا يېتىشكە تىرىشتى؛ ئەمما يېتەلمىدى، چۈنكى دېڭىز قېرىشقاندەك تېخىمۇ دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. \v 14 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈپ: — ئاھ پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىمىزنى بىزدىن كۆرمىگەيسەن! بىگۇناھ بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ گۇناھىنى ئۈستىمىزگە قويمىغايسەن! چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ئۆزۈڭنىڭ خالىغىنىڭنى قىلدىڭ! — دەپ نىدا قىلدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى. \v 16 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ قەسەم ئىچىشتى. \m \v 17 بىراق پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا يوغان بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بولسا بۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «يوغان بىر بېلىق»\+bd* - «يۇنۇس بېلىقى» بەلكىم بۇ ئىشتىن قويۇلغان نامدۇر. بىراق «يۇنۇس بېلىقى» (ىنسانلارغا ئامراق بولغىنى بىلەن) ئادەمنى يۇتقۇدەك چوڭلۇقتا يوق.\f*  \x + \xo 1:17 \xt مات. 12‏:40؛ 16‏:4؛ لۇقا 11‏:30\x* \b \b \m \c 2 \s1 چوڭ بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىش \m \v 1 يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: — \m \v 2 «مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، \m ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. \m مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، \m سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* — (ىبرانىي تىلىدا «شېئول») «يەر ئاستىدىكى ساراي» (يەنى، «تەكت سارايى»)، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. يۇنۇس ئۆزىنى ئۆلۈپ، تەھتىساراغا چۈشكەندەك ھېس قىلىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇ بېلىق قارنىدا ھەقىقەتەن ئۆلگەن، ئاندىن خۇدا ئۇنى (بېلىقنىڭ ئاغزىدىن چىققاندا) تىرىلدۈرگەن.\f*  \x + \xo 2:2 \xt زەب. 120‏:1\x* \m \v 3 چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، \m كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، \m سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛\x + \xo 2:3 \xt زەب. 42‏:7\x* \m \v 4 ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ \m بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «بىراق مەن ... تەلمۈرىمەن»\+bd* ــ باشكا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قانداقمۇ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا ئۈمىد بىلەن تەلمۈرەپ قارايمەن؟».\f* \m \v 5 سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، \m دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ \m دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى. \m \v 6 مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ \m يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ \m ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم. \m \v 7 جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، \m دۇئايىم ساڭا يېتىپ، \m مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى. \m \v 8 بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ. \m \v 9 بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ \m مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. \m نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!»\x + \xo 2:9 \xt زەب. 3‏:8؛ 50‏:23،14؛ 116‏:17؛ ھوش. 14‏:3؛ ئىبر. 13‏:15\x* \m \v 10 پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى. \b \b \m \c 3 \s1 نىنەۋە شەھىرگە بېرىپ خۇدانىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: \m \v 2 «ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا». \m \v 3 يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ئۈچ كۈنلۈك يول»\+bd* — بەلكىم شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۈچ كۈن مېڭىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى نىنەۋە شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئىدى. بەزى ئالىملار «ئۈچ كۈنلۈك يول» دېگەننى شەھەرنى ئايلىنىشقا ئۈچ كۈن كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 4 يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ: \m قىرىق كۈندىن كېيىن، نىنەۋە شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ! — دەپ جاكارلىدى. \m \v 5 نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «بۆز كىيىم كىيىش»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا ئادەمنىڭ قاتتىق توۋا قىلىشىنى بىلدۈرەتتى.\f*  \x + \xo 3:5 \xt مات. 12‏:41؛ لۇقا 11‏:32\x* \v 6 بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «كۈللۈك»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا توۋا قىلىش ياكى قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەملەر كۈل دۆۋىسىدە ئولتۇراتتى. قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ سىرتىدا ئادەتتە چوڭ بىر «كۈل دۆۋىسى» بولاتتى، نىنەۋە شەھىرىدە مۇنداق كۈللۈكلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 7 ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. \v 8 ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛ \v 9 كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». \x + \xo 3:9 \xt يو. 2‏:14\x* \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى. \b \b \m \c 4 \s1 پەرۋەردىگار يۇنۇس پەيغەمبەرگە بەرگەن تەربىيە-ساۋاق \m \v 1 ئەمما بۇ ئىش يۇنۇسنى ئىنتايىن نارازى قىلىپ، ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. \v 2 ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن.\x + \xo 4:2 \xt مىس. 34‏:6؛ زەب. 86‏:5؛ يو. 2‏:13\x* \v 3 ئەمدى پەرۋەردىگار، جېنىمنى مەندىن ئېلىپ كەت، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل» — دېدى. \m \v 4 پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: — بۇنداق ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. \b \m \v 5 ئاندىن كېيىن يۇنۇس شەھەردىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە بىر چەللە ياساپ، شەھەردە زادى نېمە ئىشلار بولاركىن دەپ ئۇنىڭ سايىسىدە ئولتۇردى. \m \v 6 پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى ئۆز پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا سايە چۈشسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر كىچىك دەرەخنى ئۆستۈرۈپ تەييارلىدى. يۇنۇس كىچىك دەرەختىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. \v 7 بىراق ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا خۇدا بىر قۇرتنى تەييارلاپ ئەۋەتتى. قۇرت بۇ كىچىك دەرەخنى پىلىكىگە زەربە قىلىپ ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. \v 8 كۈن قىزارغاندا، خۇدا ئىنتايىن ئىسسىق بىر شەرق شامىلىنى تەييارلىدى؛ كۈن تەپتىنى يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈردى، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ: — ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل، — دېدى. \m \v 9 بىراق خۇدا ئۇنىڭدىن: — سېنىڭ ئاشۇ كىچىك دەرەخ سەۋەبىدىن شۇنداق ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. \m ئۇ جاۋاب بېرىپ: — ھەئە، ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر، — دېدى.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر»\+bd* — بۇنىڭ باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: «بۇ دۇنيادىن كەتكۇچە ئاچچىقلىشىم توغرىدۇر». ھېچ بولمىغاندا بۇ ئىبارە يۇنۇسنىڭ ئاچچىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ۇنى\f* \m \v 10 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: — «سەن ھېچ ئەجرىڭنى سىڭدۈرمىگەن ھەم ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن بۇ كىچىك دەرەخكە ئىچىڭنى ئاغرىتتىڭ؛ بىراق ئۇ بىر كېچىدىلا ئۆزى ئۆسۈپ، بىر كېچىدىلا قۇرۇپ كەتتى؛ \v 11 ئەمدى مېنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، شۇنداقلا نۇرغۇن مال-ۋارانلىرىمۇ بولغان نىنەۋەدەك بۇنداق بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىمنى ئاغرىتىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟». \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم»\+bd* - كىچىك بالىلارنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*