\id JOL \h يوئېل \toc1 يوئېل \toc2 يوئېل \toc3 يو. \mt1 يوئېل \c 1 \s1 چېكەتكە ئاپىتى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە بېشارەت بېرىدۇ \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ پېتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا چۈشكەن سۆزى: ــ \m \v 2 «ئى قېرىلار، ئاڭلاڭلار؛ \m زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەن، قۇلاق سېلىڭلار؛ \m ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ \m \v 3 بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، \m بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، \m ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ \m \v 4 «چىشلىگۈچى قۇرت» قالدۇرغاننى چېكەتكە يەپ بولدى، \m چېكەتكە قالدۇرغاننى چېكەتكە لىچىنكىلىرى يەپ بولدى، \m چېكەتكە لىچىنكىلىرى قالدۇرغاننى «ۋەيرانچى قۇرت»لار يەپ بولدى.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd ««چىشلىگۈچى قۇرت»لار... «ۋەيرانچى قۇرت»لار\+bd* ــ «چېكەتكە لىچىنكە» ۋە «ۋەيرانچى قۇرت»لار بولسا بەلكىم چېكەتكىنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى ئۈچ خىل شەكلى، بولمىسا ئۈچ خىل باشقا زىيانداش ھاشارەتلەر بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 5 ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، \m ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، \m يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ \m چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى. \m \v 6 چۈنكى بىر خەلق، كۈچلۈك، سانسىزلىغان خەلق، \m زېمىنىم ئۈستىگە بېسىپ كەلدى؛ \m ئۇنىڭ چىشلىرى بولسا شىرنىڭ چىشلىرى، \m ئۇنىڭدا شىرنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىرى باردۇر؛ \m \v 7 ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى، \m ئەنجۈر دەرىخىمنىڭ قوۋزاقلىرىنى سىيرىۋەتتى، \m ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، تاشلىۋەتتى؛ \m ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى. \m \v 8 ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛ \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى «ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەردىن مەھرۇم قىلىندى؛ \m كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ماتەم تۇتىدۇ.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd ««ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەر...»\+bd* ــ «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ھەم «شاراب ھەدىيە»لەر ئادەتتە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «تەشەككۈر قۇربانلىق»لىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلاتتى. \+bd «كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى»\+bd* ــ «كاھىن» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى كىشى.\f* \m \v 10 ئېتىزلار چۆلدەرەپ كەتتى، \m زېمىن ماتەم تۇتىدۇ؛ \m چۈنكى زىرائەتلەر غازان بولدى، \m يېڭى شاراب قۇرۇپ كەتتى، \m زەيتۇن مېيى قاغجىرىدى. \m \v 11 ھەي دېھقانلار، ئۇيۇلۇڭلار؛ \m بۇغدايلار ھەم ئارپىلار ئۈچۈن يالۋۇرۇڭلار، ئى ئۈزۈمچىلەر، \m چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرى قۇرۇپ كەتتى. \m \v 12 ئۈزۈم تېلى قاغجىراپ كەتتى، \m ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، \m ئانار دەرىخى، خورما پالمىسى ھەم ئالما دەرىخىمۇ، \m دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى؛ \m بەرھەق، شادلىقمۇ ئادەم بالىلىرىدا سولىشىپ كەتتى. \m \v 13 بېلىڭلارنى باغلاڭلار، پەرياد ئوقۇڭلار، ئى كاھىنلار؛ \m ھۇۋلاڭلار، ئى قۇربانگاھنىڭ خىزمەتچىلىرى؛ \m كېچىچە بۆز كىيىملەرنى كىيىپ دۈم يېتىڭلار، ئى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى؛ \m چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىن «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە» ئۈزۈلۈپ قالدى.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيى»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 «روزا تۇتايلى» دەپ \add خۇداغا\add* مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، \m جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ \m ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، \m پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار!\x + \xo 1:14 \xt يو. 2‏:12-15\x* \b \m \v 15 «ئاھ، شۇ كۈن! \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، \m ئۇ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «ئۇ (شۇ كۈن) ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز يوئېلغا زامانداش يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنى چۆچىتىدىغان ئالاھىدە گەپ. ئۇلار: ««پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» بىز يەھۇدىي خەلقىگە نىجاتنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەربىر باشقا مىللەتكە ھالاكەتنى ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلايتتى. يوئېل پەيغەمبەر شۇ كۈنىنىڭ ھەربىر گۇناھكار ئادەمگە (مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، يەھۇدىي بولمىسۇن) ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ جاكارلايدۇ.\f*  \x + \xo 1:15 \xt يەش. 2‏:9-22؛ 13‏:6\x* \m \v 16 مانا، غىزا كۆز ئالدىمىزدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ \m شادلىق، خۇشاللىق خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 ئۇرۇقلار توپا-چالمىلار ئاستىدا چىرىپ كەتتى، \m ئامبارلار خارابىلەشتى، \m بوغۇزخانىلار غۇلاپ چۈشتى؛ \m چۈنكى زىرائەتلەر غازاڭ بولدى. \m \v 18 چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! \m كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، \m ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ \m قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛\f □ \fr 1:18 \ft \+bd «چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛»\+bd* ــ ھەتتا چارۋىلار، دالادىكى ھايۋانلار خۇداغا نىدا كۆتۈرۋاتقانغا ئوخشايدۇ (20-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). نېمىشقا ئەمدى خۇدانىڭ خەلقى ئۇنىڭغا ھېچ دۇئا قىلمايدۇ؟\f* \m \v 19 ئاھ، پەرۋەردىگار، نىدا قىلىمەن ساڭا؛ \m چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى، \m يالقۇن دالادىكى بارلىق دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. \m \v 20 دالادىكى ھايۋانلارمۇ ساڭا نىدا قىلىدۇ، \m چۈنكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى، \m ئوت-يالقۇن جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى. \b \b \m \c 2 \s1 چېكەتكىلەرنىڭ ۋەيرانچىلىقى \m \v 1 زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، \m مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ \m زېمىندا تۇرغۇچى ھەممەيلەن دىر-دىر تىترىسۇن؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، ئۇ يېقىندىدۇر.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار»\+bd* ــ «زىئون» ياكى «زىئون تېغى» ــ يېرۇسالېم شەھىرى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغدۇر. «زىئون» بەلكىم «كۆرۈنەرلىك» دېگەن مەنىدە. ئۇ دائىم خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ھىمايە بولغىنىغا سىمۋول بولىدۇ. \+bd «كاناي چېلىڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇرغا چېلىڭلار».\f*  \x + \xo 2:1 \xt يو. 1‏:15؛ زەف. 1‏:14، 15\x* \m \v 2 ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، \m بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، ــ تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، \m زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ \m ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، \m ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ. \m \v 3 ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، \m ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ \m كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، \m بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ \m بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. \m \v 4 ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاتقا ئوخشايدۇ، \m ئاتلىق لەشكەردەك چاپىدۇ. \m \v 5 جەڭ ھارۋىلىرى گۈلدۈرلىگەندەك سادا بىلەن ئۇلار تاغ چوققىلىرىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ؛ \m پاخالنى پاراسلاپ كۆيدۈرگەن ئوت ئاۋازىدەك تاراسلاپ ماڭىدۇ، \m دەبدەبىلىك سەپ تۈزەپ تۇرغان كۈچلۈك قوشۇندەك يۈرىدۇ، \m \v 6 ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەللەر قاتتىق ئازابلىنىدۇ، \m ھەممە چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ. \m \v 7 ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرىدۇ؛ \m جەڭچىلەردەك سېپىلدىن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ؛ \m ھەممىسى ئۆز ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ؛ \m سەپلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ. \m \v 8 ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشىنى قىستىمايدۇ؛ \m ھەرقايسىسى ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ \m قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ؛\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ»\+bd* ــ بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس.\f* \m \v 9 شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىشىدۇ؛ \m سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ؛ \m ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىدۇ؛ \m دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. \m \v 10 ئۇلار ئالدىدا يەر-زېمىننى تىترەك باسىدۇ، \m ئاسمانلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ \m قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، \m يۇلتۇزلار جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.\x + \xo 2:10 \xt يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31، 3‏:15\x* \m \v 11 پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ، \m چۈنكى ئۇنىڭ بارگاھى پايانسىزدۇر؛ \m ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلىغۇچى كۈچلۈكتۇر؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئۇلۇغ، ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر؛ \m كىم ئۇنى كۆتۈرەلىسۇن؟\x + \xo 2:11 \xt يەر. 30‏:7؛ ئام. 5‏:18؛ زەف. 1‏:15\x* \m \v 12 بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m ــ چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛\x + \xo 2:12 \xt يەر. 4‏:1\x* \m \v 13 كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ، \m پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىڭلار؛ \m چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، \m ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر، \m يامانلىقتىن يانىدىغان \add خۇدا\add*دۇر. \f □ \fr 2:13 \ft \+bd «كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ،...»\+bd* ــ كونا زامانلاردا قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەقلەر كىيىملىرىنى يىرتاتتى.\f*  \x + \xo 2:13 \xt مىس. 34‏:6؛ زەب. 86‏:15؛ يۇن. 4‏:2\x* \m \v 14 كىم بىلىدۇ، ئۇ جازالاشتىن يېنىپ، رەھىم قىلىپ بىرەر بەرىكەتنى، \m پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۇنغۇدەك بىرەر «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە»نى قالدۇرۇپ كېتەمدۇ تېخى؟\x + \xo 2:14 \xt يۇن. 3‏:9\x* \m \v 15 زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، \m «روزا تۇتايلى» دەپ \add خۇداغا\add* مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، \m جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «كاناي چېلىڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇرغا چېلىڭلار».\f*  \x + \xo 2:15 \xt يو. 1‏:14\x* \m \v 16 ئەلنى يىغىڭلار، جامائەتنى پاكلاندۇرۇڭلار، \m ئاقساقاللارنى جەم قىلىڭلار، بالىلارنى، ئېمىۋاتقانلارنىمۇ يىغىڭلار؛ \m توي قىلىۋاتقان يىگىت ئۆز ئۆيىدىن، \m ياتلىق بولىدىغان قىز ھۇجرىسىدىن چىقسۇن؛\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «ئەلنى يىغىڭلار، جامائەتنى پاكلاندۇرۇڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ «پاكلاندۇرۇش» بەلكىم ھەربىر ئادەمنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس قانۇندا بېكىتىلگەن ھەربىر ھارام نەرسىدىن ئايرىۋېتىش دېگەنلىكتۇر. \+bd «توي قىلىۋاتقان يىگىت ئۆز ئۆيىدىن، ياتلىق بولىدىغان قىز ھۇجرىسىدىن چىقسۇن»\+bd* ــ «قان.» 7:20، 5:24 بىلەن سېلىشتۇرساق، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ.\f* \m \v 17 كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايۋان بىلەن قۇربانگاھ ئوتتۇرىسىدا يىغا-زار كۆتۈرسۇن، \m ئۇلار ئېيتسۇنكى، «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن، \m ئۆز مىراسىڭنى خورلۇقتىن ساقلاپ، \m ئۇلارنى ئەللەرگە سۆز-چۆچەك بولۇشقا قويمىغايسەن؛ \m ئەل-يۇرتلار ئارىسىدا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟» دېيىلمىسۇن».\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «(ئىبادەتخانىدىكى) ئايۋان بىلەن قۇربانگاھ ئوتتۇرىسىدا يىغا-زار كۆتۈرۈڭلار»\+bd* ــ نېمىشقا ئاشۇ جايدا شۇنداق قىلىش كېرەك؟ پىكرىمىزچە، بۇ ئەمر بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر ۋەقە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاش زەكەرىيا دېگەن كاھىن-پەيغەمبەرنى دەل ئاشۇ يەردە ئۆلتۈرۈۋەتكەن («2تار.» 21:24 ھەم «مات.» 35:23نى كۆرۈڭ). \+bd «ئۆز مىراسىڭنى خورلۇقتىن ساقلاپ... »\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مىراسى» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، ئۆز خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt زەب. 42‏:10؛ 79‏:10؛ 115‏:2\x* \b \m \v 18 ئاندىن پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئوتلۇق مۇھەببىتىنى، \m ئۆز خەلقىگە رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتتى؛ \m \v 19 پەرۋەردىگار جاۋابەن ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: ــ \m «مانا، مەن سىلەرگە بۇغداي، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىمەن، \m سىلەر بۇلاردىن قاندۇرۇلىسىلەر؛ \m ۋە مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە قىلىپ قويمايمەن؛\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئاندىن پەرۋەردىگار ... رەھىم-شەپقىتىنى كۆرسەتتى (18-ئايەت)... ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: ... »\+bd* ــ قارىغاندا خەلق خۇدانىڭ سۆزى بويىچە دۇئا-تىلاۋەت قىلغان، خۇدا دەرۋەقە ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا ھازىر جاۋاب بېرىدۇ. \fp بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەرنى: «ئاندىن پەرۋەردىگار ... رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىدۇ... بەرھەق مۇنداق دەيدۇ: ... » دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \m \v 20 ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ، \m ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، \m كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا قوغلىۋېتىمەن؛ \m ئۇنى چۆل بىر زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن؛ \m ئۇنىڭ سېسىقلىقى پۇراپ تۇرىدۇ، \m پاسىق ھىدى چىقىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغ قىلماقچى بولىدۇ.\f □ \fr 2:20 \ft \+bd «ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ،...»\+bd* ــ «شىمالدىن كەلگۈچى» بولسا بەلكىم بىرلا ۋاقىتتا بىزگە ئىككى بېشارەتنى تەڭ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىرىنچىدىن، يوئېل پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىكى، شىمالدىن كەلگەن «چېكەتكە قوشۇنى»نى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئاخىرقى زاماندىكى، شىمالدىن كېلىدىغان، ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، شەيتان قوزغايدىغان چوڭ بىر قوشۇننىمۇ كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا...»\+bd* ــ «شەرقىي دېڭىز» «ئۆلۈك دېڭىز»نى، «غەربىي دېڭىز» «ئوتتۇرا دېڭىز»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «چۈنكى ئۇ (پەرۋەردىگار) «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «چۈنكى ئۇ (پەرۋەردىگار) ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» (21-ئايەتتىكىدەك).\f* \m \v 21 قورقما، ئى زېمىن؛ \m شادلىنىپ خۇشال بول؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان.\f □ \fr 2:21 \ft \+bd «چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ».\f* \m \v 22 ئى دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار؛ \m چۈنكى چۆللۈكتىكى ئوت-چۆپلەر بەرق ئۇرماقتا؛ \m دەرەخ مېۋىسىنى بەرمەكتە، \m ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تېلى تولۇق ھوسۇل بېرىدۇ. \m \v 23 ھەم سىلەر، زىئوننىڭ بالىلىرى، شادلىنىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن خۇرسەن بولۇڭلار؛ \m چۈنكى ئۇ ھەققانىيلىق بويىچە سىلەرگە «ئاۋۋالقى يامغۇرلار»نى بېرىدۇ؛ \m ئۇ سىلەرگە ھۆل-يېغىن بېرىدۇ، \m يەنى باشتا بولغاندەك «ئاۋۋالقى يامغۇرلار» ھەم «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ياغدۇرىدۇ.\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ ھەققانىيلىق بويىچە سىلەرگە «ئاۋۋالقى يامغۇرلار»نى بېرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ سىلەرگە «ھەققانىيلىقنى ئۆگەتكۈچى»نى ئەۋىتىدۇ، ھۆل-يېغىن بېرىدۇ». ئىككى تەرجىمىسى بەلكىم تەڭ ئىناۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇنداقتا «ھەققانىيلىقنى ئۆگەتكۈچى» قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىشى كېرەك بولىدۇ. \+bd «ئۇ سىلەرگە ھۆل-يېغىن بېرىدۇ، يەنى باشتا بولغاندەك «ئاۋۋالقى يامغۇرلار» ھەم «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ياغدۇرىدۇ»\+bd* ــ «ئاۋۋالقى يامغۇرلار» (ياكى «دەسلەپكى يامغۇرلار») قانائاندا 10-ئايدا ياغىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۇپراق يۇمشىتىلىپ، يەر ھەيدەش ئاندىن ئۇرۇق چېچىش مۇمكىن بولىدۇ. «كېيىنكى يامغۇرلار» ئىسرائىلدا 3- ياكى 4-ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ.\f* \m \v 24 خامانلار بۇغدايغا تولغان بولىدۇ، \m ئىدىش-كۈپلەر يېڭى شاراب ھەم مايلارغا تولۇپ تاشىدۇ. \m \v 25 ۋە مەن سىلەرگە چېكەتكىلەر، چېكەتكە لىچىنكىلىرى، «ۋەيرانچى قۇرت»لار، «چىشلىگۈچى قۇرت»لار، \m يەنى مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن ئۇلۇغ قوشۇنۇم يېگەن يىللارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛\x + \xo 2:25 \xt يو. 1‏:4\x* \m \v 26 سىلەر بولۇشىچە يەپ، قاندۇرۇلىسىلەر، \m شۇنىڭدەك سىلەرگە كارامەت ئىشلارنى كۆرسەتكەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيسىلەر؛ \m شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. \m \v 27 سىلەر مېنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە تۇرغانلىقىمنى، \m شۇنداقلا مەنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، \m مەندىن باشقا ھېچكىم بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر؛ \m شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. \m \v 28 ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ \m سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، \m قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، \m يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛\f □ \fr 2:28 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ»\+bd* ــ ياكى «سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار پەيغەمبەرلىك قىلىدۇ».\f*  \x + \xo 2:28 \xt يەش. 44‏:3؛ ئ‍ەز. 39‏:29؛ روس. 2‏:17\x* \m \v 29 بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن. \m \v 30 مەن ئاسمانلاردا، زېمىندە كارامەتلەرنى، \m قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. \m \v 31 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كەلمىگۈچە، \m قۇياش قاراڭغۇلۇققا، \m ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.\x + \xo 2:31 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات .24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13\x* \m \v 32 ھەم شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، زىئون تېغىدا ھەم يېرۇسالېمدا، \m ھەمدە پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-نىجات بولىدۇ. \f □ \fr 2:32 \ft \+bd «پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار...»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار چاقىرىۋاتقان «قالدىسى»لار...». \+bd «(پەرۋەردىگارنىڭ) «قالدىسى»»\+bd* ــ تەۋراتتا، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ياكى ماۋزۇدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ كۆپ قىسمى خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن، ئۆزىگە سادىق بىر «قالدىسى»نىڭ ھامان ھەردائىم تېپىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:32 \xt ئ‍وب. 17؛ رىم. 10‏:13\x* \b \b \m \c 3 \s1 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ \m \v 1 چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، شۇ پەيتتە، \m مەن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىنىمدە، \m \v 2 مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ، \m ئۇلارنى «يەھوشافات جىلغىسى»غا چۈشۈرىمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، \m زېمىنىمنى بۆلۈپ پارچىلىۋەتكەنلىكىدىن، \m ئۇلارنى ئاشۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم، يەنى خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ،... شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، ... ئۇلارنى... خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن»\+bd* ــ «ئەللەر» بولسا يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەر. \+bd «يەھوشافات جىلغىسى»\+bd* ــ «يەھوشافات» ــ «ياھ» (پەرۋەردىگار) سوتلايدۇ» دېگەن مەنىدە. ئۇ بەلكىم يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى «كىدرون جىلغىسى»نى كۆرسىتىدۇ (يېرۇسالېم ھەم «زەيتۇن تېغى» ئارىسىدا).\f* \m \v 3 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى دوغا تىكىپ چەك تاشلىغان؛ \m بىر يىگىتنى بىر پاھىشە ئايالغا ئالماشتۇرغان، \m بىر قىزنى «شاراب ئىچىمىز» دەپ شاراب ئۈچۈن ئالماشتۇرغان. \m \v 4 ھەي، تۇر ھەم زىدون، فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، مەن سىلەرنى نېمە قىلىپتىمەن؟ \m سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟ \m (بىراق مەندىن ئۆچ ئالىمىز دېسەڭلار، ئۆچنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىمەن!)\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ھەي، تۇر ھەم زىدون،...»\+bd* ــ «تۇر» بولسا لىۋاندىكى ئەڭ چوڭ پورت ھەم قۇدرەتلىك شەھەر، زىدون ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايون.\f* \m \v 5 كۈمۈشلىرىم، ئالتۇنلىرىمنى بۇلىۋالغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، \m گۈزەل گۆھەرلىرىمنى ئۆز بۇتخانىلىرىڭلارغا ئاپارغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، \m \v 6 يەھۇدا بالىلىرى ھەم يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز چېگراسىدىن يىراق قىلماق ئۈچۈن ئۇلارنى گرېكلارغا سېتىۋېتكىنىڭلار تۈپەيلىدىن، \m \v 7 مانا، مەن ئۇلارنى سىلەر سېتىۋەتكەن جايدا ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، \m ھەمدە قىلغىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرىمەن. \m \v 8 ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا بالىلىرىنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن، \m ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ»\+bd* ــ «شابىيالىقلار» «شېبا» دېگەن رايوندىكىلەر بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگار «يەھوشافات جىلغىسى»دا بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ \m \v 9 شۇنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاڭلاركى، \m «جەڭگە تەييارلىنىڭلار، \m پالۋانلارنى قوزغاڭلار، \m جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلاشسۇن، \m جەڭگە ھازىر بولسۇن؛ \m \v 10 ساپان چىشلىرىنى قىلىچ قىلىپ، \m ئورغاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇشۇڭلار؛ \m ئاجىز ئادەممۇ: «مەن كۈچلۈك» دېسۇن؛ \m \v 11 ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار، \m ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!». \m «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!»\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر 1:2-11دىكى ۋە «يەش.» 3:13-5دىكى سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. «يەش.» 3:13-5دىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \b \m \v 12 «ئەللەر قوزغىلىپ «يەھوسافات جىلغىسى»غا كەلسۇن؛ \m چۈنكى مەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنى سوراققا تارتىمەن. \m \v 13 ئورغاقنى سېلىڭلار، \m چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ \m كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، \m چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر، \m ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ. \m چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر»\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئورغاقنى سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر... چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر»»\+bd* ــ مۇشۇ بۇيرۇق بەلكىم خۇدانىڭ «كۈچلۈكلىرى»، يەنى پەرىشتىلەرگە ئېيتىلىدۇ («ۋەھ» 17:14-20نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:13 \xt ۋەھ. 14‏:15\x* \m \v 14 ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى. \m \v 15 قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، \m يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.\x + \xo 3:15 \xt يو. 2‏:10؛ 3‏:4 ،15؛ يەش. 13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام .8‏:9؛ مات .24‏:29؛ روس .2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13\x* \m \v 16 پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ، \m يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ \m ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛ \m لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ، \m ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ. \b \m \s1 پەرۋەردىگار زىئوننى ئۆز ماكانى قىلىدۇ \m \v 17 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، \m ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛ \m يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، \m ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ»\+bd* ــ دېگەن سۆز بەلكىم: (1) ھېچ تاجاۋۇزچى يەنە يېرۇسالېمنى بۇزمايدۇ، ۋە (2) يېرۇسالېمنى بۇلغغۇدەك ھېچقانداق بۇتپەرەس ئادەم ئۇنىڭدىن يەنە ئۆتمەيدۇ، دېگەن ئىككى مەنىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 3:17 \xt ۋەھ. 21‏:27\x* \m \v 18 ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، \m تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ، \m دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ، \m يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ، \m شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «...شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ»\+bd* ــ «شىتتىم جىلغىسى» يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدا بولۇپ، سۇلىرى ئىئوردان جىلغىسىغا چۈشىدۇ.\f*  \x + \xo 3:18 \xt ئام. 9‏:13\x* \m \v 19 مىسىر بولسا بىر چۆللۈك، \m ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ، \m ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن، \m ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن. \m \v 20 بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، \m يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛ \m \v 21 ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر.