\id JOB \h ئايۇپ \toc1 ئايۇپ \toc2 ئايۇپ \toc3 ئايۇپ \mt1 ئايۇپ \c 1 \s1 ئىخلاسمەنلىك ھەم ئاۋاتلىق \m \v 1 «ئۇز» دېگەن يۇرتتا، ئايۇپ ئىسىملىك بىر ئادەم ياشىغانىدى. بۇ ئادەم بولسا قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان، يامانلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان ئادەم ئىدى. \x + \xo 1:1 \xt ئايۇپ 2‏:3\x* \m \v 2 ئۇنىڭدىن يەتتە ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز تۇغۇلدى. \v 3 ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ كالا، بەش يۈز مادا ئېشەك قاتارلىق مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇنىڭ مالايلىرى بەك كۆپ ئىدى؛ ئۇ شەرقلىقلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى. \m \v 4 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بويىچە بېكىتكەن كۈندە ئۆز ئۆيىدە باشقىلار ئۈچۈن داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلاتتى. بۇ كۈنلەردە ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچ سىڭلىسىنى ئۇلار بىلەن بىللە تاماقلىنىشقا چاقىرىتاتتى. \v 5 ئۇلارنىڭ شۇ زىياپەت كۈنلىرى ئاياغلىشى بىلەن ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سانىغا ئاساسەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. چۈنكى ئايۇپ: «بالىلىرىم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، كۆڭلىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويامدىكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ ھەردائىم ئەنە شۇنداق قىلىپ تۇراتتى. \f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئايۇپ ئۇلارنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلاندۇراتتى». \+bd «پاكلىنىش»\+bd* ــ ئەينى چاغدىكى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ئادەمنى پاكلاندۇررۇش»نىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. بەلكىم يۇيۇندۇرۇلۇپ، پاكىز كىيىملەرنى كىيدۈرۈش دېگەندەك ئىش بولۇشى مۇمكىن. \+bd «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا مەلۇم بىر ھايۋان (قوي، كالا، قاتارلىق)نى سويۇپ، ئۇنىڭ قېنىنى يەرگە ئېقىتىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۈتۈن تېنىنى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل قۇربانلىق گۇناھنى تىلەش ياكى خۇداغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە قىلىنىدۇ. \+bd «خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىش»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بارۇق» دەپ ئېلىنىدۇ. «بارۇق» ئادەتتە «بەرىكەت، بەخت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ دەۋردە ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن خوشلاشقاندا «بەرىكەتلىك بولسۇن» دەپ بەخت تىلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن «بەخت تىلەش» («بارۇق») «خوشلىشىش»نى بىلدۈرۈپمۇ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. دېمەك، مۇشۇ يەردە بۇ ئىبارە «بالىلىرىم خۇدادىن خوشلىشىپ («خۇددى ۋىدالاشقاندەك») ئايرىلىپ كېتەمدىكىن» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 ئەرشتىكى بىرىنچى قېتىملىق كېڭەش؛ شەيتان سوقۇنۇپ كىرىدۇ \m \v 6 بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. \f □ \fr 1:6 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئېھتىمال مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 7:38نى كۆرۈڭ. \+bd «شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى»\+bd* ــ خۇدا نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۆزىنى ئەركىنلىك بىلەن ھاقارەتلىشىگە يول قويىدۇ؟ بۇ مۇھىم مەسىلە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 7 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. \m شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، دېدى.\x + \xo 1:7 \xt 1پېت. 5‏:8\x* \m \v 8 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق، ــ دېدى. \m \v 9 شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ئايۇپ خۇدادىن بىكاردىن بىكار قورقمىغاندۇ؟ \v 10 ئۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەتراپىغا قاشا قويغان ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنىڭ قولىغا بەرىكەت ئاتا قىلدىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەئەللۇقاتى تەرەپ-تەرەپتىن گۈللىنىپ ئاۋۇماقتا. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئەتراپىغا قاشا قويغان»\+bd* ــ ياكى «ئەتراپىغا توساق قويغان».\f* \v 11 ئەگەر سەن قولۇڭنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە تېگىپ قويساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ، سېنى تىللىمىسا \add شەيتان بولماي كېتەي\add*! ــ دېدى. \m \v 12 پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزدۇم! بىراق ئۇنىڭ ئۆزىگە تەگكۈچى بولما! ــ دېدى. \m شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى. \b \m \s1 بىرىنچى سىناق \m \v 13 بىر كۈنى، ئايۇپنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. \v 14 بىر خەۋەرچى ئايۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ كالىلار بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر ئەتراپتا ئوتلاۋاتاتتى؛ \v 15 شېبالىقلار ھۇجۇم قىلىپ كالا-ئېشەكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. \m \v 16 بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ قويلار ۋە ئىشلەۋاتقان ياشلارنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. \m \v 17 بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ كالدىيلەر ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۆگىلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. \m \v 18 بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا، \v 19 تۇيۇقسىز، چۆلدىن قاتتىق بىر بوران چىقىپ ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنى قاتتىق سوقۇپ، ئۆي غۇلاپ چۈشۈپ ياشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. \m \v 20 ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ \m \v 21 مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چۈشكەن، ئۇ يەرگىمۇ يالىڭاچ قايتىمەن؛ ھەممىنى پەرۋەردىگار \add ماڭا\add* بەرگەن، ئەمدى پەرۋەردىگار \add مەندىن\add* ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ــ دېدى.\x + \xo 1:21 \xt توپ. 5‏:14؛ 1تىم. 6‏:7\x* \m \v 22 بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئايۇپ گۇناھ قىلمىدى ۋە ياكى خۇدانى ھېچقانداق نالايىقلىق بىلەن ئەيىبلىمىدى. \m ئەرشتىكى ئىككىنچى قېتىملىق كېڭەش؛ شەيتان يەنە سوقۇنۇپ كىرىدۇ؛ ئىككىنچى سىناق \b \b \m \c 2 \m \v 1 يەنە بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇشقا كەلدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»\+bd* ــ 6:1، 7:38 ۋە ئىزاھاتلارنى يەنە كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، ــ دېدى. \m \v 3 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق. مەيلى سەن مېنى ئۇنى بىكاردىن-بىكار يۇتۇۋېتىشكە دەۋەت قىلغان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 4 شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ھەر ئادەم ئۆز جېنىنى دەپ تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ، ھەتتا ھەممە نېمىسىنىمۇ بېرىشكە تەيياردۇر؛ \f □ \fr 2:4 \ft \+bd «ئادەم ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرىنىڭ ئورنىغا تېرە بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ» دېگەن ئىبارە ئىشلىتىلگەن ــ مەنىسى بەلكىم بىز تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك بولۇشى كېرەك.\f* \v 5 بىراق سەن ھازىر قولۇڭنى سوزۇپ ئۇنىڭ سۆڭەك-ئەتلىرىگە تەگسەڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ تىللىمىسا \add شەيتان بولماي كېتەي\add*! ــ دېدى. \m \v 6 پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇ ھازىر سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇۋاتىدۇ! بىراق ئۇنىڭ جېنىغا تەگمە! ــ دېدى. \m \v 7 شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئايۇپنىڭ بەدىنىنى تاپىنىدىن بېشىغىچە ئىنتايىن ئازابلىق ھۈررەك-ھۈررەك يارىلار بىلەن توشقۇزىۋەتتى.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئىنتايىن ئازابلىق ھۈررەك-ھۈررەك يارىلار»\+bd* ــ بۇ كېسەلنىڭ قايسى كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بېرىش قىيىن. بەزى دوختۇرلار ئۇنى «ياۋا چېچەك كېسىلى» دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 8 ئايۇپ بولسا بەدىنىنى تاتىلاش-غىرداش ئۈچۈن بىر ساپال پارچىسىنى قولىغا ئېلىپ، كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. \f □ \fr 2:8 \ft \+bd «كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇرۇش»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا ماتەم تۇتۇش ياكى قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەملەر كۈل دۆۋىسىدە ئولتۇراتتى. قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ سىرتىدا ئادەتتە چوڭ بىر «كۈل دۆۋىسى» بولىدۇ، ئايۇپ شۇ كۈل دۆۋىسى ئۈستىگە ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 9 ئايالى ئۇنىڭغا: ــ ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! ــ دېدى.\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «خۇدانى قارغا!»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا خۇدانى قارغا دەپ بۇ نەسىھەت قىلىشى، مۇشۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن جېنىڭ ئېلىنسۇن دېگەن مەنىدە. \fp «خۇدانى قارغا!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، «خۇدا بىلەن خوشلىشىش»، «خۇدادىن ۋاز كېچىش» دېگەندەك مەنىلەردە. 5:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۆلۈپلا تۈگەش!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆلۈۋەرگىن!».\f* \m \v 10 لېكىن ئايۇپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ھاماقەت ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. بىز خۇدانىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلغانىكەنمىز، ئەجەبا ئۇنىڭدىن كەلگەن كۈلپەتنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. ئىشلاردا ئايۇپ ئېغىزدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى. \b \m \s1 ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ ئۇنى يوقلاپ كېلىشى \m \v 11 ئايۇپنىڭ دوستلىرىدىن ئۈچەيلەن ئۇنىڭغا چۈشكەن كۈلپەتتىن خەۋەردار بولدى. ئۇلار، يەنى تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار دېگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىپ، ئايۇپقا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ھەم تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا بىللە كېلىشكەنىدى. \m \v 12 ئۇلار كېلىپ يىراقتىنلا ئۇنىڭغا قارىۋىدى، ئۇنى تونىيالماي قالدى-دە، ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ تاشلىدى. ھەربىرى ئۆز تونلىرىنى يىرتىۋېتىپ، توپا-چاڭلارنى ئاسمانغا ئېتىپ ئۆز باشلىرىغا چېچىشتى. \v 13 ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە داق يەردە يەتتە كېچە-كۈندۈز ئولتۇردى، ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمىنىڭ ئىنتايىن ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. \b \b \m \c 3 \s1 ئايۇپنىڭ‭ ‬سۆزلىشى‭ ‬—‭ ‬ئۇنىڭ‭ ‬ھاياتقا‭ ‬لەنەت‭ ‬ئوقۇپ،‭ ‬ئۆلۈمگە‭ ‬ئىنتىزار‭ ‬بولۇشى \m \v 1‏-2 \add يەتتە كۈندىن\add* كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ \add ئەھۋالىغا قارىتا\add* ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ \x + \xo 3:1‏-2 \xt يەر. 15‏:10؛ 20‏:14\x* \m \v 3 «مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! \m «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن!\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!»\+bd* ــ بۇ گەپنى پەرىشتىلەر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! \m ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، \m قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن! \m \v 5 شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! \m بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، \m شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن!\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار»\+bd* ــ بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ھازىر بىرنېمە دېيىش تەس. بەلكىم جادۇگەرلەرنىڭ بىر خىل جادۇگەرلىكنى ئىشلىتىپ كۈننى قاراڭغۇلىتىشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرىسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 6 شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ \m شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى \add باشقا\add* كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! \m شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن! \m \v 7 مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! \m ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد-خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن! \m \v 8 كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! \m لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن!\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «لېۋىئاتان»\+bd* ــ چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھايۋان. «لېۋىئاتاننى قوزغاش» بولسا، بەزى كونا مەدەنىيەتلەردە: «بۇ يوغان ھايۋاننى قوزغاپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ پۈتۈن قۇياشنى توسۇپ يېپىپ، قاراڭغۇلۇق چۈشۈرەلەيمىز» دېگەن كۆزقاراشتۇر. ئايۇپنىڭ ئۆزى مۇنداق «قاراڭغۇلاشتۇرۇش ئۇسۇلى»غا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق شېئىرلىك تەكىتلەش ئۈچۈن بۇ سېلىشتۇرمىنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، ئايۇپ مۇشۇ يەردە ئۆزى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ مۇشۇ ئەجدىھاغا ئوخشاش قورقۇنچلۇقلىقىنى ۋە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 9 شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! \m ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! \m شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! \m \v 10 چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، \m مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد-ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان. \m \v 11 ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! \m نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟ \m \v 12 نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ \m نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟ \m \v 13 مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، \m مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم. \m \v 14 شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن،\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «مازار» بەلكىم مىسىردىكى چوڭ ئېھراملارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەيلى چوڭ، ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، بەرىبىر ئادەمنى ئۆلۈمدىن قوغدىيالمايدۇ. بۇ جۈملىنى يەنە «ئۆزى ئۈچۈنلا ھازىر خارابلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرغان پادىشاھلار...» دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ.\f* \m \v 15 ياكى ئالتۇن يىغقان، \m ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ-شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛ \m \v 16 قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، \m نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم. \m \v 17 ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، \m ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئاشۇ يەردە \+bd*\+bdit رەزىللەر\+bdit* ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىشىغا يېقىن كېلىدۇ. ئۇ، رەزىللەر باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش گۆردە تەڭ بولۇپ ئوخشاش دەم ئالالايدۇ، دەۋاتقاندەك مەنىدە سۆزلەيدۇ.\f* \m \v 18 ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، \m ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛ \m \v 19 غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، \m قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ. \m \v 20 جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ \m نېمىشقا دەرد-ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟ \m \v 21 ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، \m بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ \m ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ، \m \v 22 ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، \m شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. \m \v 23 ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، \m يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا \add نۇر ۋە ھايات\add* بېرىلىدۇ؟ \m \v 24 شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ \m مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ. \m \v 25 چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ \m مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى. \m \v 26 مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! \m ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! \m ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! \m بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!». \b \b \m \c 4 \s1 ئېلىفازنىڭ سۆز قىلىشى •••• «ئادەم خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالمايدۇ» \m \v 1 تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟ \m بىراق كىم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋاتالايدۇ؟ \m \v 3 قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن، \m سەن جانسىز قوللارغا كۈچ بەرگەنسەن، \m \v 4 سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، \m تىزلىرى پۈكۈلگەنلەرنى يۆلىگەنسەن. \m \v 5 بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، \m شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ، \m بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، \m سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ!»\+bd* ــ دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئېلىفازنىڭ «بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن» دېگىنى ئايۇپنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ناھايىتى يېنىك چاغلىغان بىر سۆزدۇر.\f* \m \v 6 ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟ \m يوللىرىڭدىكى دۇرۇسلۇق ئۈمىدىڭنىڭ ئاساسى ئەمەسمىدى؟ \m \v 7 ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ \m دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟»\+bd* ــ ئېلىفازنىڭ بايانى، شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق بۇنداق سۆزلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ھەردائىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ناتايىن. ئايۇپنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى: «بۇ دۇنيادا گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق ئادەمگە كۈلپەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئايۇپقا كۈلپەت كەلدى؛ شۇڭا ئۇ چوقۇم مەلۇم بىر ئېغىر گۇناھنى قىلغان» دەپ پەرەز قىلىدۇ. بۇ كۆزقاراشنى ئايۇپ قوبۇل قىلمىسىمۇ، لېكىن بۇنداق گەپلەر ئۇنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ ھەم ئۇنى خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى توغرىسىدا ئاساسەن خەۋىرى يوق ئىدى.\f* \m \v 8 مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، \m ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ.\x + \xo 4:8 \xt ئايۇپ 15‏:35؛ زەب. 7‏:14-16؛ پەند. 22‏:8؛ يەش. 59‏:4؛ ھوش. 10‏:13؛ گال. 6‏:7، 8\x* \m \v 9 تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ، \m ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇلار يوقىلىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «نەپىسى»\+bd* ــ «نەپسى» ئەمەس.\f*  \x + \xo 4:9 \xt يەش. 11‏:4\x* \m \v 10 شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، \m ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى \add بار بولسىمۇ\add*، \m شىر ئارسلانلىرىنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى بار بولسىمۇ،...»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى جىم بولىدۇ...».\f* \m \v 11 باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ، \m چىشى شىرنىڭ كۈچۈكلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ. \m \v 12 ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى، \m قۇلىقىمغا بىر شىۋىرلىغان ئاۋاز كىردى، \m \v 13 تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا، \m ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا، \m \v 14 قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى، \m سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترىتىۋەتتى؛ \m \v 15 كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛ \m بەدىنىمدىكى تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى»\+bd* ــ ئاندىن بۇ روھ ئېلىفازغا گەپ قىلىدۇ. «ئايۇپ» 1-2-بابتىكى خەۋەردىن قارىغاندا، روھنىڭ گېپى يالغان بولغاچقا، بۇ روھ شەيتاندىن كەلگەن يامان بىر روھ ئىكەنلىكىگە بىزدە قىلچە گۇمان يوق. تۆۋەندىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛ \m كۆز ئالدىمدا بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ؛ \m شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «سۈكۈت ئىچىدە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى».\f* \m \v 17 «ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟ \m ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىدىن پاك بولالامدۇ؟\f □ \fr 4:17 \ft \+bd «ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئىنسان بالىسى تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟».\f* \m \v 18 مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن، \m ھەتتا پەرىشتىلىرىنىمۇ «نادانلىق قىلغان!» دەپ ئەيىبلىگەن يەردە،\x + \xo 4:18 \xt ئايۇپ 15‏:15؛ 2پېت. 2‏:4\x* \m \v 19 ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار، \m لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟ \m ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ!\f □ \fr 4:19 \ft \+bd «لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟»\+bd* ــ روھ ئېيتقان بۇ سۆزلەر (17-21-ئايەتلەر) پۈتۈنلەي يالغان شىكايەت سۆزلىرىدۇر؛ چۈنكى بىز كىتابنىڭ بېشىدا خۇدانىڭ ئايۇپنى «مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپ» دەپ ئاتاپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى كۆرەلەيمىز. ھەممە روھلارنىڭ سۆزىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن! شۇنىڭ ئۈچۈن تەكىتلەيمىزكى، بارلىق «روھلارنىڭ سۆزلىرى»نى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ مۇقەددەس يازمىلار (تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل)دىكى تولۇق ھەقىقەتلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش تولىمۇ زۆرۈردۇر. \+bd «ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ!»\+bd* ــ روھنىڭ مۇشۇ سۆزىنىڭ كۆچمە مەنىسى: ئىنسان بالىسى خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى قىلچە يەتمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر.دېمەك، ئىنسانلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى قەتئىي چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق ئايۇپنىڭ قارىشى ئۇنداق ئەمەستۇر. ئايۇپ: ــ گەرچە ئادەم ۋە خۇدانىڭ ئارىسىدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن زور ھاڭ پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ بەرىبىر ئۆز ۋىجدانىدا ھەققانىيلىق توغرىسىدىكى بىرخىل غىل-پال كۆرۈنىدىغان چۈشەنچىسى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 20 ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛ \m ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ.\f □ \fr 4:20 \ft \+bd «ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ»\+bd* ــ روھنىڭ بۇ سۆزى يەنىلا بىر ئالدامچىلىقتۇر؛ ئىنجىلغا ئاسەسەن، خۇدا ھەتتا قۇچقاچنىڭ يەرگە يىقىلغىنىنىمۇ نەزىرىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 21 ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟ \m ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!». \f □ \fr 4:21 \ft \+bd «ئۇلار... ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!»\+bd* ــ ئېلىفاز ئادەمنىڭ ھاياتىنى چېدىرغا ئوخشىتىدۇ؛ چېدىرنىڭ تانىلىرى يۇلۇنغادا چېدىر دەرھال غۇلاپ كېتىدۇ. ئېلىفازنىڭ بۇ سۆزىگە قارىغاندا، ھاياتنىڭ بىر مەقسىتى دانالىققا ئېرىشىشتۇر. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بار.\f* \b \b \m \c 5 \s1 ئېلىفازنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشى \m \v 1 قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟ \m مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «مۇقەددەسلەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، \m قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «كۆرمەسلىكى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ». \fp ئېلىفازنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: ئايۇپنىڭ ئاچچىقلىنىپ، خۇداغا قاقشىشى خەتەرلىك ئىش؛ خۇدا ئۇنىڭغا جاۋاب كەلمىگەن يەردە، خۇدا ۋە ئىنساننىڭ ئارىلىقىدا تۇرىدىغان بىر «كېلىشتۈرگۈچى»دىنمۇ ياردەم تىلەش پۈتۈنلەي بىھۇدە ئىش، دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 3 مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛ \m لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم،\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لېكىن مەن دەرھال ئۇنىڭ ماكانىغا لەنەت ئوقۇدۇم».\f* \m \v 4 ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛ \m ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛ \m ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ. \m \v 5 ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛ \m ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛ \m قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ. \m \v 6 چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، \m كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس. \m \v 7 بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك، \m ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر.\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر»\+bd* ــ ياكى «ئىنسان جاپا تارتىشقىمۇ تۇغۇلغاندۇر». كىرىش سۆزىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ بەرگەن پىكىرلىرىدە خېلى كۆپ خاتالىق يەرلىرى بار. كېيىن خۇدا شۇ خاتا گەپلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. 7:42-9نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 8 ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، \m مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم. \m \v 9 ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، \m سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.\x + \xo 5:9 \xt ئايۇپ 9‏:10؛ زەب. 72‏:18؛ رىم. 11‏:33\x* \m \v 10 ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛ \m ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ.\x + \xo 5:10 \xt زەب. 104‏:10\x* \m \v 11 ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛ \m ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ.\x + \xo 5:11 \xt 1سام. 2‏:7؛ زەب. 113‏:7، 8\x* \m \v 12 ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، \m نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ.\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئىنجىلدا («1كور.» 19:1) روسۇل پاۋلۇس تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، شۇڭا شۈبھىسىزكى ئۇنى توغرا دەپ بىلىمىز.\f*  \x + \xo 5:12 \xt نەھ. 4‏:9؛ زەب. 33‏:10؛ يەش. 8‏:10\x* \m \v 13 ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛ \m ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ.\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ»\+bd* ــ ئېلىفازنىڭ بۇ جۈملىسىمۇ ئىنجىلدا («1كور.» 19:3) روسۇل پاۋلۇس تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، شۇڭا شۈبھىسىزكى ئۇنىمۇ توغرا دەپ بىلىمىز.\f*  \x + \xo 5:13 \xt 1كور. 3‏:19\x* \m \v 14 كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛ \m چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.\x + \xo 5:14 \xt قان. 28‏:29\x* \m \v 15 بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ، \m ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ. \m \v 16 شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، \m قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ.\x + \xo 5:16 \xt زەب. 107‏:42\x* \m \v 17 قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، \m شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ!\x + \xo 5:17 \xt پەند. 3‏:11، 12؛ ئىبر. 12‏:5؛ ياق. 1‏:12؛ ۋەھ. 3‏:19\x* \m \v 18 چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ \m ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ.\x + \xo 5:18 \xt قان. 32‏:39؛ 1سام. 2‏:6؛ ھوش. 6‏:1\x* \m \v 19 ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛ \m ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ.\f □ \fr 5:19 \ft \+bd «... ئالتە قىيىنچىلىق... ... يەتتە كۈلپەتتە ... »\+bd* ــ بۇ «ئالتە... يەتتە...» دېگەن ئىبارە «ھەرخىل...، ھەرقانداق...» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 5:19 \xt زەب. 91\x* \m \v 20 ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە، \m ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ. \m \v 21 سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، \m ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن. \m \v 22 ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛ \m يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن. \m \v 23 سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛ \m ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ.\x + \xo 5:23 \xt ھوش. 2‏:20\x* \m \v 24 سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛ \m مال-مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. \m \v 25 نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، \m پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن.\f □ \fr 5:25 \ft \+bd «نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن»\+bd* ــ ئېلىفاز ئايۇپنىڭ ئون بالىسىدىن ھەم بارلىق مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتى.\f* \m \v 26 سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك، \m پەقەت ۋاقىت-سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن. \m \v 27 بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر. \m شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق». \b \b \m \c 6 \s1 ئايۇپ يەنە سۆزلەيدۇ ــ «مېنىڭ دادلىشىم ھەق» \m \v 1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە! \m ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا!\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «... ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى دەردلىك زارلىرىم\+bdit* بىلەن بىللە تارازىلانسا!» ــ ئايۇپنىڭ بۇ سۆزى: «دەردلىك زارلىرىم» ۋە بېشىمغا چۈشكەن بالا-قازالار تارازادا سېلىشتۇرۇلسا، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ زارلىرىمنىڭ ئاز ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.\f* \m \v 3 شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛ \m شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ.\x + \xo 6:3 \xt پەند. 27‏:3 \x* \m \v 4 چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، \m ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، \m تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە»\+bd* ــ ياكى، «ئۇلارنىڭ زەھەرى روھىمنى يەپ كېتىدۇ».\f*  \x + \xo 6:4 \xt زەب. 38‏:1-3\x* \m \v 5 ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟ \m كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟ \m \v 6 تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟ \m خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟ \m \v 7 جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ، \m ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ. \m \v 8 ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى! \m تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى! \m \v 9 ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن! \m ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى! \m \v 10 شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، \m ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ \m چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم!\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «ھەتتا ... شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم!»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ بۇنداق ئويلىشى: «ئەگەر ھازىر خۇدا مېنىڭ جېنىمنى ئالسا، مەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىگەن مانا مۇشۇ چاغدىلا ئالسا بوپتىكەن؛ بىراق بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەر داۋاملاشتۇرۇلسا، مەندە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولار، مەن خۇدادىن تانىمەنمۇ قانداق؟ شۇڭا ياخشىسى ئۇ ھازىر مېنى ئەپكەتسە، قاتتىق بىر زەربە بىلەن ئەپكەتسە مەيلى» دېگەندەك مەنىنى بېرىدۇ.\f* \m \v 11 مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ \m مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟ \m \v 12 مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟ \m مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟ \m \v 13 ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟ \m ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ \b \m \s1 بۇرادەرلىرىنىڭ ئايۇپنى داغدا قويۇشى \m \v 14 ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ \m بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.\f □ \fr 6:14 \ft \+bd «ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ...»\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. بۇلارنىڭ بىرى: «ھەتتا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر».\f* \m \v 15 بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك، \m ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛ \m ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ.\f □ \fr 6:15 \ft \+bd «ئالدامچى ئېرىق»\+bd* ــ چۆل باياۋاندا تۇيۇقسىز ئېقىشتىن توختايدىغان ئېرىق. يولۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق ئېرىققا ئىشىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك، ئەلۋەتتە. 20-21-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ، \m قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ، \m \v 17 ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛ \m ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 6:17 \ft \+bd «ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئەڭ كېرەك بولغان ۋاقىتتا بۇ ئېرىقلار غايىب بولىدۇ.\f* \m \v 18 سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛ \m ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ. \m \v 19 تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛ \m شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛\f □ \fr 6:19 \ft \+bd «شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى»\+bd* ــ ياكى «شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۇچراشنى ئۈمىد قىلاتتى».\f* \m \v 20 بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛ \m ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. \m \v 21 مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش \add ماڭا تايىنى\add* يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ \m سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر. \m \v 22 مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»، \m ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟\f □ \fr 6:22 \ft \+bd «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟»\+bd* ــ ئايۇپ ئۇ دوستلىرىغا ھېچقاچان قەرزدار بولۇپ باقمىغان. ئۇ: «سىلەردىن پۇل ياكى مال-مۈلۈك كۈتكىنىم يوق، سىلەردىن كۈتكىنىم پەقەت ئازراق ھېسداشلىق ياكى مېھرىبانلىق، خالاس» دېمەكچى.\f* \m \v 23 ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!» \m ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟ \m \v 24 ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛ \m نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار. \m \v 25 توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! \m بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟!\f □ \fr 6:25 \ft \+bd «ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتقىچە ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى ئارىسىدىن پەقەت ئېلىفاز سۆز قىلغان. ئايۇپ «ئەيىبلىرىڭلار» (كۆپلۈك شەكلى) دېگەن سۆزى بىلەن ئۇلارغا: «سىلەر يېنىمغا كېلىشتىن ئاۋۋال ئەھۋالىم توغرۇلۇق \+bd تىل بىرىكتۈرۈۋالغان ئوخشايسىلەر\+bd*» دەپ پۇرىتىۋاتىدۇ.\f* \m \v 26 ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا، \m پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟\f □ \fr 6:26 \ft \+bd «ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا،...»\+bd* ــ ئايۇپ بۇ گەپلىرى بىلەن ئۆزۈمنىڭ بەزى سۆزلىرىمنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىمەن، دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسا كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر، ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ناھايىتى ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر شامالدەكلا دەپ قارىماقچىسىلەر؟».\f* \m \v 27 سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر! \m دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر!\f □ \fr 6:27 \ft \+bd «دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل مەنىسى: «سىلەر دوست-بۇرادەرلەر ئۈچۈن ئورا كولىشىسىلەر».\f* \m \v 28 ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛ \m ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟ \m \v 29 ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛ \m راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار، \m چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم \add تارازىدا\add* تۇرىدۇ.\f □ \fr 6:29 \ft \+bd «چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم تارازىدا تۇرىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «چۈنكى بۇ ئىشتا ھەق مەن تەرەپتىدۇر».\f* \m \v 30 تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟ \m تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟ \b \b \m \c 7 \s1 ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئازابلىرى \m \v 1 ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ \m ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ \m \v 2 قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك، \m مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك، \m \v 3 مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن، \m غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان.\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن،...»\+bd* ــ بۇ جۈملە ئايۇپنىڭ ئازابى ئاشۇ كۈنگىچە بەلكىم بىرنەچچە ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئايۇپنىڭ قېشىغا كەلگۈچە قىلغان سەپىرى ئۇزۇن بولغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 4 مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن، \m بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ، \m تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن. \m \v 5 ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، \m تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى.\f □ \fr 7:5 \ft \+bd «قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن...»\+bd* ــ ياكى «قۇرتلار ھەم قاقاچ-چاقالار بىلەن...».\f* \m \v 6 كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ، \m ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd « كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ»\+bd* ــ باپكارنىڭ موكىسى ئىنتايىن تېز، توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. \+bd «ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈمىدسىزلىك» ۋە «يىپ» ئاھاڭداش سۆز. ئايۇپ مۇشۇ ئايەتتە ئۆز ھاياتىنى توقۇلىدىغان گىلەمگە ئوخشىتىپ، «يىپ توختاپ قالغۇدەك» دېمەكچى.\f* \m \v 7 \add ئاھ خۇدا\add*، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس. \m كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛\x + \xo 7:7 \xt ئايۇپ 8‏:9؛ 10‏:9؛ 14‏:1، 2، 3؛ 16‏:22؛ زەب. 90‏:5، 6، 9؛ 102‏:11؛ 103‏:15؛ 144‏:4؛ يەش. 40‏:6؛ ياق. 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24\x* \m \v 8 مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ، \m سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن»\+bd* ــ بۇ 7-8-ئايەتتە، 21-ئايەتكە ئوخشاش، ئايۇپ «ئى خۇدا، سەن بالدۇر ماڭا رەھىم قىلمىساڭ، كېچىكىپ قالىسەن!» دېگەندەك قىلاتتى.\f* \m \v 9 بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، \m ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ.\f □ \fr 7:9 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») دېگەن يەر، «يەر ئاستىدىكى ساراي» (يەنى، «تەكت ساراي»)، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاينى كۆرسىتىدۇ. ئېنىق تۇرۇپتىكى، ئايۇپنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا گۆردىن تىرىلدۈرۈلۈش توغرىسىدا خەۋىرى كۆپ ئەمەس ئىدى.\f* \m \v 10 ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ، \m ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. \m \v 11 شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي، \m روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي، \m جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن. \m \v 12 نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ \m مەن \add خەتەرلىك\add* بىر دېڭىزمۇ-يا؟ \m ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟\f □ \fr 7:12 \ft \+bd «نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟»\+bd* ــ ئايۇپ: «مەن ئالەمنىڭ ئامانلىقىغا بىرخىل خەۋپ يەتكۈزەمدىم-يا؟» دەپ خۇدادىن سورىماقچى ئوخشايدۇ.\f* \m \v 13 مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ، \m كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم، \m \v 14 ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن، \m غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن. \m \v 15 شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، \m بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن.\f □ \fr 7:15 \ft \+bd «... بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ كېسىلى، بەلكىم، بوغنۇقۇش كېسىلى (دەم سىقىلىش كېسىلى) بولۇشى مۇمكىن. \fp بۇ ئايەت يەنە مۇنداقمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، يەنى: «گېلىمنى سىققۇچى بولسا بوينۇمنى، ئۆلۈم بولسا سۆڭەكلىرىمنى تاللىدى».\f* \m \v 16 مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛ \m مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق، \m مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن، \m مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر.\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر»\+bd* ــ ياكى «مېنىڭ كۈنلىرىم بىر نەپەس، خالاس!».\f*  \x + \xo 7:16 \xt زەب. 62‏:9؛ 144‏:4\x* \m \v 17 ئىنسان بالىسى نېمىدى؟ \m سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن، \m نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟\x + \xo 7:17 \xt زەب. 8‏:4؛ 144‏:3؛ ئىبر. 2‏:6\x* \m \v 18 ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن، \m ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن! \m \v 19 قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن، \m ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟ \m \v 20 مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، \m ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! \m مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ \m بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟ \m \v 21 سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، \m گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟ \m چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛ \m سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن».\f □ \fr 7:21 \ft \+bd «...سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن»\+bd* ــ 7-باب، 7-8-ئايەت ئۈچۈن بېرىلگەن ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە، ئايۇپنىڭ ئىچىدىكى ئېتىقاد ھەم گۇماننىڭ بىر-بىرىگە بولغان كۈرىشى كۆرۈنىدۇ. ئايۇپ بىر تەرەپتىن خۇدانى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلدى، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ كەلگۈسىدە ئۆز دوستىنى ئىزدىگەندەك مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ، بىراق تاپالمايدۇ، دەيدۇ.\f* \b \b \m \c 8 \s1 شۇخالىق بىلداد سۆزلەيدۇ ــ ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرۇلۇق گۇۋاھلىق \m \v 1 ئاندىن شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «سەن قاچانغىچە مۇشۇلارنى سۆزلەيسەن؟ \m ئاغزىڭدىكى سۆزلەر كۈچلۈك شامالدەك قاچانغىچە چىقىدۇ؟ \m \v 3 تەڭرى ئادالەتنى بۇرمىلىغۇچىمۇ؟ \m ھەممىگە قادىر ئادىللىقنى بۇرمىلامدۇ؟\x + \xo 8:3 \xt قان. 32‏:4؛ 2تار. 19‏:7؛ دان. 9‏:14\x* \m \v 4 سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولسا، \m ئۇ ئۇلارنىمۇ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرغان، خالاس.\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇ ئۇلارنىمۇ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرغان، خالاس»\+bd* ــ بىلدادنىڭ بۇ بايانى رەھىمسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆزلەردۇر؛ بۇ سۆزلەر ئايۇپنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىپ ئۇنى تېخىمۇ ئازابقا سالىدۇ. چۈنكى ئايۇپنىڭ ھەسرىتى دەل مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن بولۇۋاتاتتى؛ بىراق بىلدادنىڭ ئايۇپنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن بىرەر گۇناھى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپاتى يوقتۇر. بىز بولساق، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلمىگەنلىكىنى بىلىمىز.\f* \m \v 5 بىراق ئەگەر ئۆزۈڭ ھازىر چىن كۆڭلۈڭدىن تەڭرىنى ئىزدىسەڭلا، \m ھەممىگە قادىرغا ئىلتىجا قىلساڭلا،\x + \xo 8:5 \xt ئايۇپ 22‏:23\x* \m \v 6 ئەگەر سەن ساپ دىل ھەم دۇرۇس بولغان بولساڭ، \m شۈبھىسىزكى، ئۇ سەن ئۈچۈن ئويغىنىدۇ، \m چوقۇم سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭغا تولغان تۇرالغۇڭنى گۈللەندۈرىدۇ. \m \v 7 سەن دەسلەپتە ئېتىبارسىز قارالغان بولساڭمۇ، \m بىراق سەن ئاخىرىدا چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىسەن. \m \v 8 شۇڭا سەندىن ئۆتۈنەيكى، ئۆتكەنكى دەۋرلەردىن سوراپ باققىن، \m ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگىمۇ كۆڭۈل قويغىن\x + \xo 8:8 \xt قان. 4‏:32\x* \m \v 9 (چۈنكى بىز بولساق تۈنۈگۈنلا تۇغۇلغانمىز؛ \m كۈنلىرىمىز پەقەت بىر سايە بولغاچقا، ھېچنېمىنى بىلمەيمىز).\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «كۈنلىرىمىز پەقەت بىر سايە...»\+bd* ــ بىلدادنىڭ بۇ دېگىنى، ئۇنىڭ ئۇ دەۋرىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ (ئۆزىنىڭ زامانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا) ئىنتايىن ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. (تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» قىسمىغا ئاساسەن، ئادەمئاتىمىزدىن باشلاپ نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە نۇرغۇن ئادەملەر بىرنەچچە يۈز يىل ياشىغانىدى).\f*  \x + \xo 8:9 \xt يار. 47‏:9؛ 1تار. 29‏:15؛ ئايۇپ 7‏:5، 6، 7؛ زەب. 39‏:5، 13؛ 102‏:11؛ 144‏:4\x* \m \v 10 ساڭا كۆرسەتمە بېرىپ ئۆگەتەلەيدىغان ئۇلار ئەمەسمۇ؟ \m ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ساڭا سۆزلىمەمدۇ؟ \m \v 11 لاتقا بولمىسا يېكەنلەر ئېگىز ئۆسەلەمدۇ؟ \m قومۇشلۇقتىكى ئوت-چۆپلەر سۇسىز ئۆسەلەمدۇ؟ \m \v 12 ئۇلار يېشىل پېتى بولۇپ، تېخىچە ئورۇلمىغان بولسىمۇ، \m ھەرقانداق ئوت-چۆپتىن تېز توزۇپ كېتىدۇ.\x + \xo 8:12 \xt زەب. 129‏:5-6؛ يەر. 17‏:6\x* \m \v 13 تەڭرىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋەتلىرى مانا شۇنداقتۇر؛ \m ئىپلاسلارنىڭ ئۈمىدى مانا شۇنداق يوققا كېتەر.\x + \xo 8:13 \xt ئايۇپ 11‏:20؛ 18‏:14؛ زەب. 112‏:10؛ پەند. 10‏:28\x* \m \v 14 چۈنكى ئۇنىڭ تايانغىنى چۈرۈك بىر نەرسە، خالاس؛ \m ئۇنىڭ ئىشەنگىنى بولسا ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدۇر، خالاس. \m \v 15 ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا يۆلىنىدۇ، بىراق ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ؛ \m ئۇ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. \m \v 16 ئۇ قۇياش ئاستىدا كۆكلىگەن بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ پىلەكلىرى ئۆز بېغىنى قاپلىغان بولسىمۇ، \m \v 17 ئۇنىڭ يىلتىزلىرى تاش دۆۋىسىگە چىرمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، \m ئۇ تاشلار ئارىسىدا ئورۇن ئىزدىگەن بولسىمۇ، \m \v 18 لېكىن \add خۇدا\add* ئۇنى ئورنىدىن يۇلىۋەتسە، \m ئاشۇ يەر ئۇنىڭدىن تېنىپ: «مەن سېنى كۆرمىگەن!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 8:18 \ft \+bd «...لېكىن خۇدا ئۇنى ئورنىدىن يۇلىۋەتسە، ئاشۇ يەر ئۇنىڭدىن تېنىپ: «مەن سېنى كۆرمىگەن!» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەرلەردە بىلداد ئايۇپ ئۇچرىغان بالايىئاپەتنى شۇ بىرنەچچە ئىشقا ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن: ــ ئاۋۋال 15-ئايەتتە، ئۇ «يامانلارنىڭ ئۆيىنىڭ غۇلاپ كېتىشى» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ؛ ئىككىنچى، 16-ئايەتتىكى «پىلەكلەر» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا «پەرزەنتلەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى، مۇشۇ ئايەتتە بەلكىم «ئاشۇ يەر» دېگەن سۆز ئايۇپنىڭ يۇرتداشلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى چەتكە قېقىپ: «سەندەك خۇدا لەنەت قىلغان ئادەمنى تونۇمايمىز» دېگەن مەنىلەردىمۇ ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 19 مانا ئۇنىڭ يولىنىڭ شادلىقى! \m ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا باشقىلىرى تۇپراقتىن ئۈنىدۇ. \m \v 20 قارا، خۇدا دۇرۇس ئادەمنى تاشلىمايدۇ، \m ياكى يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇلارنى يۆلىمەيدۇ.\f □ \fr 8:20 \ft \+bd «يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇلارنى يۆلىمەيدۇ»\+bd* ــ ياكى «يامانلىق قىلغۇچىلارنى قولىغا كۈچ بەرمەيدۇ».\f* \m \v 21 ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن، \m لەۋلىرىڭنى شادلىق ئاۋازلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ، \m \v 22 ساڭا نەپرەتلەنگەنلەرگە شەرمەندىلىك چاپلىنىدۇ، \m ئەسكىلەرنىڭ چېدىرى يوقىتىلىدۇ». \b \b \m \c 9 \s1 ئايۇپ بەرگەن جاۋابى — «ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ خۇدا ئالدىدا ئادىل بولالايدۇ؟» \m \v 1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ۋاي، سېنىڭلا توغرا، \add دۇنيانى\add* ھەقىقەتەن سەن دېگەندەك دەپ بىلىمەن! \m بىراق ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟\x + \xo 9:2 \xt ئايۇپ 14‏:4؛ 25‏:4؛ زەب. 143‏:2\x* \m \v 3 ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، \m شۇ \add كىشى\add* مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ كىشى مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ يەنە باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) «ئەگەر خۇدا بىرسى بىلەن دەۋالىشىشنى لايىق كۆرسە، ئۇ كىشى مىڭدىن بىر مەسىلىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ»؛ (2) «ئەگەر خۇدا بىرسى بىلەن دەۋالىشىشنى لايىق كۆرسە، خۇدا ئۇ كىشىنىڭ مىڭدىن بىر مەسىلىسىگىمۇ جاۋاب بەرمەيدۇ».\f* \m \v 4 ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر دانالىق باردۇر، \m ئۇ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر؛ \m كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، يۈرىكىنى توم قىلىپ، \m كېيىن تىنچ-ئامان قالغان؟ \m \v 5 ئۇ تاغلارنى غەزىپىدە غۇلاتقاندا، \m ئۇلارغا ھېچ بىلدۈرمەيلا ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. \m \v 6 ئۇ يەر-زېمىننى تەۋرىتىپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ كېتىدۇ. \m \v 7 ئۇ قۇياشقا كۆتۈرۈلمە دەپ سۆز قىلسىلا، ئۇ قوپمايدۇ؛ \m ئۇ \add خالىسا\add* يۇلتۇزلارنىڭمۇ نۇرىنى پېچەتلەپ قويالايدۇ. \m \v 8 ئاسمانلارنى كەڭ يايغۇچى پەقەت ئۇدۇر، \m ئۇ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىگە دەسسەپ يۈرىدۇ.\x + \xo 9:8 \xt يار. 1‏:6\x* \m \v 9 ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى، \m جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان.\f □ \fr 9:9 \ft \+bd «جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان»\+bd* ــ ياكى: «جەنۇبىي ئاسماندىكى خەزىنىلەرنى ياراتقان».\f* \m \v 10 ئۇ ھېسابلىغۇسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى، \m ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ.\x + \xo 9:10 \xt ئايۇپ 5‏:9؛ زەب. 72‏:18؛ 77‏:14؛ 86‏:10؛ رىم. 11‏:33\x* \m \v 11 قارا، ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرمەيمەن؛ \m ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنى بايقىيالمايمەن.\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە». \+bd «ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ ئۆتۈپ كەتسە».\f* \m \v 12 مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ \m كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟\f □ \fr 9:12 \ft \+bd «ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ ئېلىپ كەتسە» ياكى «ئۇ بۇلاپ كەتسە».\f* \m \v 13 تەڭرى غەزىپىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ \m راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئېگىدۇ.\f □ \fr 9:13 \ft \+bd «راھاب»\+bd* ــ «راھاب»نىڭ مۇنداق ئۈچ خىل مەنە مۇمكىنچىلىكى بار: ــ (1) ھاكاۋۇرلۇق؛ (2) مىسىر ئىمپېرىيەسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى (قەدىمكى دۇنيادا ھاكاۋۋۇرلۇقتا داڭقى چىققان)؛ (3) ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكى بار مەنىسى شۇكى، دېڭىزدىكى زور، قورقۇنچلۇق بىر ھايۋاننىڭ ئىسمى. بۇ يوغان ھايۋاننىڭ يەنە بىر ئىسمى «لېۋىئاتان» بولۇشى مۇمكىن (يۇقىرىقى 3-باب، 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا بىرنەچچە يەرلەردە شەيتاننىڭ بىر سىمۋولىدۇر. شۇڭا مۇشۇ يەردە «راھابنىڭ ياردەمچىلىرى» بەلكىم شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرىنى كۆرسەتگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 14 شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. \m مەن مۇنازىرە قىلغۇدەك قانداق سۆزلەرنى تاللىيالايتتىم؟ \m \v 15 مۇبادا مەن ھەققانىي بولساممۇ، \m مەن يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم؛ \m مەن پەقەت سوتچىمغا ئىلتىجالا قىلالايتتىم. \m \v 16 مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، \m مەن تېخى ئۇنىڭ سادايىمنى ئاڭلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتىم؛ \m \v 17 ئۇ بوران-چاپقۇنلار بىلەن مېنى ئېزىدۇ، \m ئۇ يارىلىرىمنى سەۋەبسىز ئاۋۇتماقتا. \m \v 18 ئۇ ماڭا ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ، \m ئەكسىچە ئۇ ماڭا دەرد-ئەلەمنى يۈكلىۋەتتى. \m \v 19 كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك \add يەنە باشقا كىم\add* بار؟ \m ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟!\f □ \fr 9:19 \ft \+bd «ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟!»\+bd* ــ ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەش. باشقا خىل تەرجىمىلىرى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 20 مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، \m قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر.\f □ \fr 9:20 \ft \+bd «... قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر»\+bd* ــ ئايۇپقا مۇبادا خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى كەلسىمۇ، ئۇ خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئاغزىنىڭ ئېچىلماس قىلىنىشىدىن، ياكى ھەتتا «ماشىنا ئادەمدەك» ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىنى ئەيىبلەپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. «خۇدا ھەممىدىن كۈچلۈك، شۇڭا ئۇ ئادىل» دېگەن كۆزقاراش دۇنيادىكى ھەربىر زالىمنىڭ: «كۈچ-ھوقۇق دېگەن ھەقتۇر» دېگەن كۆزقارىشىغا يېقىن كېلىدۇ. ئايۇپ مۇشۇ يەردە «خۇدا ماڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلسا، ئادىل بولمايدۇ» دېمەكچى بولىدۇ. كىتابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا، خۇدانىڭ ھەم ھەممىدىن كۈچلۈك ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈنلەي ئادىل ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.\f* \m \v 21 بىراق مەن ئەسلىدە ئېيىبسىز ئىدىم. \m مەيلى، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىم بىلەن پەرۋايىم پەلەك! \m ئۆز جېنىمدىن تويدۇم! \m \v 22 ھەممە ئىش ئوخشاش ئىكەن؛ شۇڭا مەن دەيمەنكى، \m ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ.\f □ \fr 9:22 \ft \+bd «... مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ»\+bd* ــ ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بابتىكى 14-ئايەتتىن 34-ئايەتكىچە ئايۇپ خۇدانىڭ نامىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئالماي، پەقەت ئۇنى: «ئۇ... ئۇنىڭ... ئۇنى... سەن....» دەپ ئاتايدۇ. بەلكىم ئۇ خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدىرىتىگە ھەم ئۆزىنىڭ ھازىرقى قورقۇنچلۇق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئويلاپ، بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 9:22 \xt توپ. 9‏:2، 3؛ مال. 3‏:14\x* \m \v 23 تۇيۇقسىز بېشىغا قازا كېلىپ ئۆلسە، \m ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ.\f □ \fr 9:23 \ft \+bd «...ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئايۇپنىڭ جان ئاچچىقىدىن، شۇنداقلا خۇداغا بولغان گۇمانىدىن ئېيتقان بايانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ قاتتىقى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 24 يەر يۈزى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ \m بىراق ئۇ سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بۇ ئادالەتسىزلىكنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ \m مۇشۇنداق قىلغۇچى ئۇ بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟ \b \m \v 25 مېنىڭ كۈنلىرىم يەلتاپاننىڭ يۈگۈرۈشىدىنمۇ تېز ئۆتىدۇ؛ \m ئۇلار مەندىن قېچىپ كېتىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوقتۇر.\x + \xo 9:25 \xt ئايۇپ 7‏:6، 7\x* \m \v 26 ئۇلار قومۇش كېمىلەردەك چاپسان ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ \m ئالغۇر بۈركۈت ئوۋنى تۇتقىلى شۇڭغۇغاندەك تېز ماڭىدۇ.\f □ \fr 9:26 \ft \+bd «قومۇش كېمىلەر»\+bd* ــ قەدىمكى مىسىردا كۆپ ئىشلىتىلگەن، نىل دەرياسىدا ناھايىتى تېز ماڭىدىغان بىرخىل كېمە.\f* \m \v 27 ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، \m چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ، \m \v 28 مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن قورقۇپ يۈرىمەن؛ \m چۈنكى سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن.\f □ \fr 9:28 \ft \+bd «... سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن»\+bd* ــ ئايۇپ يەنىلا خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. 31-ئايەتتە بولسا ئۇنىڭ ئۈمىدى بەلكىم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 29 مەن ھامان ئەيىبلىك ئادەم بولسام، \m مەن بىھۇدە جاپا تارتىپ نېمە قىلاي؟ \m \v 30 ھەتتا قار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇپ، \m قولۇمنى شۇنچە پاكىزلىغان بولساممۇ،\x + \xo 9:30 \xt يەر. 2‏:22\x* \m \v 31 سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە چۆمۈلدۈرىسەنكى، \m ئۆز كىيىمىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ! \m \v 32 چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك، ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. \m مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر.\f □ \fr 9:32 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ ... ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر»\+bd* ــ بۇ بايان بەلكىم كىتابتىكى سورالغان ئەڭ چوڭقۇر سوئال بولۇشى مۇمكىن؛ دېمەك، ئادەم خۇدا بىلەن قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن؟\f*  \x + \xo 9:32 \xt توپ. 6‏:10؛ يەر. 49‏:19\x* \m \v 33 ئوتتۇرىمىزدا ھەر ئىككىمىزنى ئۆز قولى بىلەن تەڭ تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى!\f □ \fr 9:33 \ft \+bd «ئوتتۇرىمىزدا ... كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى!»\+bd* ــ ئايۇپ: ئادەم بىلەن خۇدانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان، بىر قولى بىلەن خۇدانى تۇتىدىغان، بىر قولى بىلەن ئىنساننى تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! دەپ ئېيتقان بۇ كېلىشتۈرگۈچى ئىنجىلدا دەل ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ئايان قىلىنىدۇ («1تىم.» 5:2).\f* \m \v 34 ئۇ ئۆزىنىڭ تايىقىنى مەندىن يىراق قىلسۇن، \m ئۇنىڭ ۋەھىمىسى مېنى قورقاتمىسۇن؛\x + \xo 9:34 \xt ئايۇپ 13‏:20؛ 33‏:7\x* \m \v 35 شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلىيەلەيتتىم؛ \m بىراق ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەستۇر! \b \b \m \c 10 \s1 سېغىز لاي كۇلالچى بىلەن سۆزلىشىدۇ \m \v 1 مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛ \m ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛ \m قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلىۋالاي. \m \v 2 مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى، \m سەن زادى نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسەن؟ \m \v 3 ئادەمنى ئەزگىنىڭ، \m ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟ \m يامانلارنىڭ سۇيىقەستىگە نۇر چاچقىنىڭ ياخشىمۇ؟\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟»\+bd* ــ ئايۇپ بەلكىم: ــ «سەن ماڭا ھەم پۈتۈن ئىنسانغا شۇنچە ياخشى ئەجرىڭنى سىڭدۇرگەنىكەنسەن، نېمىشقا بۇ ياخشى نەرسەڭگە شۇنداق زىيان يەتكۈزىسەن؟» دېمەكچى. ئۇ تۆۋەندىكى 8-12-ئايەتلەردە بۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىدۇ.\f* \m \v 4 سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟ \m سەن ئادەملەر كۆرگەندەك خىرە كۆرەمسەن؟\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سېنىڭ كۆزلىرى ئەتلىك كۆزلەرمۇ؟».\f* \m \v 5 سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟ \m سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «سېنىڭ كۈنلىرىڭ ... چەكلىكمۇ؟ سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟»\+bd* ــ ئايۇپ بۇ جۈملىلىرىدە ھەممە ئىمكانىيەتنى ئوتتۇرا قويىدۇ؛ ئاندىن ئۇ ھەممىسىنى دېگۈدەك چەتكە قاقىدۇ ــ خۇدا ئادەمنى ئەزگىنىگە خۇشالمۇ-يا؟ ئۇ ئادەمدەك كالتە پەملىكمۇ-يا، ياكى ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ ئۆزىنى جازالاشقا ئۈلگۈرەلمەمدۇ-يا؟ (ئۇنداق بولمىسا، مەن زادى نېمىشقا شۇنداق ئازابقا قالدۇرۇلىمەن؟) دەپ ئويلايدۇ ئايۇپ.\f* \m \v 6‏-7 سەن مېنىڭ رەزىل ئادەم ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، \m سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتۇلدۇرغۇدەك ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، \m نېمىشقا مېنىڭ خاتالىقىمنى سوراپ يۈرىسەن؟ \m نېمىشقا مېنىڭ گۇناھىمنى سۈرۈشتۈرىسەن؟» ــ دەيمەن. \m \v 8 ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛ \m بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن! \m \v 9 سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛ \m سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟\x + \xo 10:9 \xt يار. 2‏:7؛ 3‏:19\x* \m \v 10 سەن \add ئۇستىلىق بىلەن\add* مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، \m مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «سەن ... مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ «مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، ...ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان» دېگەن سۆزلىرى خۇدانىڭ ئۆز تېنىنى شۇنچە ئاجايىبلىق بىلەن مۇرەككەپ ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 10:10 \xt زەب. 139‏:16،15\x* \m \v 11 سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن، \m ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن. \m \v 12 سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن، \m سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ.\f □ \fr 10:12 \ft \+bd «سەن سۆيگۈڭ بىلەن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سەن يوقلىشىڭ بىلەن...». \+bd «... سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ»\+bd* ــ 8-12-ئايەتتە، ئايۇپ خۇدانىڭ ئىنساننىڭ تېنىنى شۇنچە كارامەت ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياساپ، شەپقەت-سۆيگۈ كۆرسەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۇلۇغ، كارامەت بىر پىلانى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بىراق ئايۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىدا مۇنداق ئاجايىب پىلاننى كۆرەلمەي، ئەكسىچە خۇدانىڭ ئۇنىڭ بارلىقىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ: «بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى» (13-ئايەت) دەپ، خۇدا مېنىڭ دوستۇم ئەمەس، دۈشمىنىم بولۇپ چىققان دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئايۇپنىڭ خۇدانىڭ دوستلۇقىدىن مەھرۇم بولغانمەن دېگەن ھېسسىياتى ۋە ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىق سېزىمىنىڭ يوقلۇقى، شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئازابلىق ئىش ئىدى.\f* \m \v 13 بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛ \m بۇلارنىڭ ئەسلىدە قەلبىڭدە پۈكۈكلىكىنى بىلىمەن. \m \v 14 گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛ \m سەن مېنىڭ قەبىھلىكىمنى جازالىماي قويمايتتىڭ. \m \v 15 رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى! \m ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە، \m بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛ \m \v 16 ھەتتا \add بېشىمنى\add* كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ، \m سەن ئەشەددىي شىردەك مېنىڭ پېيىمگە چۈشەتتىڭ؛ \m سەن ماڭا كارامەت كۈچۈڭنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتەتتىڭ.\x + \xo 10:16 \xt يەش. 38‏:13؛ يىغ. 3‏:10\x* \m \v 17 سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛ \m ماڭا قارىتىلغان غەزىپىڭنى زور قىلىسەن؛ \m كۈچلىرىڭ ماڭا قارشى دولقۇنلاپ كەلمەكتە.\f □ \fr 10:17 \ft \+bd «مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭ»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ بۇ دېگىنى، بەلكىم، خۇدانىڭ ئۇنى «سەن گۇناھ قىلدىڭ، شۇڭا جازالاندىڭ» دەپ ئەيىبلەيدىغان بىرنەچچە گۇۋاھچىنى ئورۇنلاشتۇرغان، دەپ كۆرسەتمەكچى؛ گۇۋاھچىلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈچ دوستىنى، ئۆز بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەرنى ھەمدە كېسەلنىڭ ئازابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.\f* \m \v 18 سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟ \m كاشكى، مەن چاچراپ كەتكەن بولسام، ھېچ ئادەم مېنى كۆرمەس ئىدى!\x + \xo 10:18 \xt ئايۇپ 3‏:11\x* \m \v 19 مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم! \m بالىياتقۇدىن بىۋاسىتە گۆرگە ئاپىرىلغان بولاتتىم! \m \v 20‏-22 مېنىڭ ئازغىنە كۈنلىرىم تۈگەي دېگەن ئەمەسمۇ؟ \m شۇڭا مەن بارسا كەلمەس يەرگە بارغۇچە، \m ــ قاراڭغۇلۇق، ئۆلۈم سايە بولغان زېمىنغا، \m ــ زۇلمەت بىر زېمىنغا، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا، \m ئۆلۈم سايىسىنىڭ زېمىنىغا، \m تەرتىپسىز، ھەتتا ئۆز نۇرى قاپقاراڭغۇ قىلىنغان شۇ زېمىنغا بارغۇچە، \m ماڭا ئازراق جان كىرىش ئۈچۈن، \m ئىشىڭنى بىر دەقىقە توختات، مەندىن نېرى بول!». \b \b \m \c 11 \s1 زوفارنىڭ بىرىنچى سۆزى ــ «ساختا ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى» \m \v 1 ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \f □ \fr 11:1 \ft \+bd «نائاماتلىق زوفار»\+bd* ــ ئايۇپقا سۆز قىلىدىغان ئۇنىڭ ئۈچىنچى دوستىدۇر. بىز ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئېلىفاز ئەدەبلىكرەك، باشقىلاردىن سەل مېھرىباندەك كۆرۈنىدۇ؛ سۆز قىلىش تەرتىپىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يېشى بەلكىم ئەڭ چوڭ، ئاخىردا سۆزلەيدىغان زوفار ئەڭ كىچىك بولۇشى مۇمكىن. ئېلىفاز ئۆز تەجرىبىسىنى، يەنى ئۆزىنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامىتىنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ؛ بىلداد بولسا ئەنئەنىچى بولۇپ، ئىلگىرىكى دەۋردىكىلەر مەيلى نېمە دېگەن بولمىسۇن، شۇ توغرا دەپ قارايدۇ؛ زوفار بولسا ھېسسىياتچان، قوپال، ئاممىباب ماقال-تەمسىللەرگە ئامراق، «جامائەتنىڭ پىكرى بەرىبىر توغرىدۇر» دەپ قارايدۇ (3-ئايەتتىمۇ «كۆپچىلىك» دېگەن سۆز تەكىتلىنىدۇ). بەزىدە ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن يامانلارنىڭ جازالىنىشىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى ھۇزۇر ئالىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.\f* \m \v 2 «گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ \m سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟ \m \v 3 سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟ \m سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟ \m \v 4 چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر، \m مەن سەن \add خۇدانىڭ\add* ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ.\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر»\+bd* ــ ئەمەلىيەتتە ئايۇپ بۇنداق سۆز قىلمىدى.\f* \m \v 5 ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى! \m ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى! \m \v 6 شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى! \m چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر! \m تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي!\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي!»\+bd* ــ زوفارنىڭ بۇ سۆزلىرى: «خۇدا گۇناھلىرىڭنىڭ بىرنەچچىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، پەقەت ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى ساڭا چۈشۈرۈۋاتىدۇ»، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 7 سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! \m ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟ \m \v 8 \add بۇنداق دانالىق\add* ئاسماندىن ئېگىزدۇر، \add ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە\add* نېمە ئامالىڭ بار؟ \m ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ \m \v 9 ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر، \m كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر. \m \v 10 ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟ \m \v 11 چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، \m ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان.\f □ \fr 11:11 \ft \+bd «ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان»\+bd* ــ يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «ۋە ئادەملەر بايقىيالمايدىغان گۇناھىنىمۇ كۆرەلەيدۇ».\f*  \x + \xo 11:11 \xt زەب. 10‏:11، 14؛ 35‏:21-23؛ 94‏:11\x* \m \v 12 «ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، \m نادان ئادەم دانا بولۇر!».\f □ \fr 11:12 \ft \+bd «ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ يەنە ئىككى خىل تەرجىمىسى: «نادان كىشى دانالىققا ئېرىشمەس، ئىنسان تۇغۇلغاندا ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئوخشاشتۇر، خالاس» ياكى «ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيى تۇغۇلۇپ ئىنسانغا ئايلانغۇچە، نادان بىر ئادەم دانا بولۇر». بۇ سۆز بەلكىم ئاشۇ دەۋردىكى بىر ماقال بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 11:12 \xt ئايۇپ 5‏:8؛ 22‏:21؛ توپ. 3‏:18\x* \m \v 13 بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، \m قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ، \m \v 14 قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، \m چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا، \m \v 15 سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن، \m تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛ \m \v 16 جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، \m ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛ \m \v 17 كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، \m سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن.\x + \xo 11:17 \xt زەب. 37‏:6؛ 92‏:14؛ 112‏:4؛ پەند. 4‏:18\x* \m \v 18 ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، \m سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن.\x + \xo 11:18 \xt لاۋ. 26‏:5\x* \m \v 19 راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، \m ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ.\f □ \fr 11:19 \ft \+bd «... ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ گەپنىڭ ئاجايىب يېرى شۇكى، ئاخىردا زوفارنىڭ ئۆزى ئايۇپنىڭ ھىممىتىگە ھاجەتمەن بولىدۇ (42-باب).\f*  \x + \xo 11:19 \xt لاۋ. 26‏:6؛ زەب. 3‏:5-6؛ 4‏:8؛ پەند. 3‏:24\x* \m \v 20 بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، \m ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، \m ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس». \f □ \fr 11:20 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس»\+bd* ــ زوفارنىڭ بۇ سۆزى ئايۇپقا قارىتىلغان ھېچقانداق ھېسداشلىق بولمىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ: «مۇنداق كېتىۋەرسەڭ، سەندە پەقەت نەپىسىڭنى توختىتىشتىن باشقا ئۈمىد قالمايدۇ» دېگەنلىك.\f*  \x + \xo 11:20 \xt ئايۇپ 8‏:14،13؛ 18‏:14\x* \b \b \m \c 12 \s1 ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ •••• «خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى، ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە كۆرۈنۈشتە بولغان ئادىلسىزلىقى» \m \v 1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! \m ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ! \m \v 3 مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، \m ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ \m بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟! \m \v 4 مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛ \m مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى، \m ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى!\x + \xo 12:4 \xt ئايۇپ 16‏:10؛ 17‏:2؛ 21‏:3؛ 30‏:1؛ پەند. 14‏:2 \x* \m \v 5 راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ \m ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ.\f □ \fr 12:5 \ft \+bd «راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر... : «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ»\+bd* ــ ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 6 قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ \m تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ.\f □ \fr 12:6 \ft \+bd «ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلار بۇتپەرەسلار. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «تەڭرى ھەتتا ئۇلارنىڭ قولىغا مولچىلىق بېرىدۇ».\f*  \x + \xo 12:6 \xt ئايۇپ 21‏:7؛ زەب. 73‏:11، 12؛ يەر. 12‏:1؛ ھاب. 1‏:3، 4\x* \m \v 7 ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، \m ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، \m ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛ \m \v 8 ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ، \m ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛ \m دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ. \m \v 9 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ \m \v 10 بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى، \m جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. \m \v 11 ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك، \m قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟\x + \xo 12:11 \xt ئايۇپ 6‏:30؛ 34‏:3\x* \m \v 12 ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟ \m كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟ \m \v 13 ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛ \m ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «ئۇنىڭدىلا»\+bd* ــ خۇدادىلا، دېمەكچى.\f* \m \v 14 مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛ \m ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ.\x + \xo 12:14 \xt ئايۇپ 9‏:12؛ 11‏:10؛ ۋەھ. 3‏:7\x* \m \v 15 مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، \m ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ. \m \v 16 ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ \m ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. \m \v 17 ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، \m سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ.\x + \xo 12:17 \xt 2سام. 15‏:31؛ 17‏:23،14؛ يەش. 19‏:12؛ 29‏:14؛ 1كور. 1‏:19\x* \m \v 18 ئۇ پادىشاھلار \add ئەل-ئەھلىگە\add* سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، \m ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ \add شەرمەندە قىلىدۇ\add*.\f □ \fr 12:18 \ft \+bd «ئۇ پادىشاھلار ئەل-ئەھلىگە سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، ... شەرمەندە قىلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ پادىشاھلار مۇستەبىت بولۇشى ناتايىن؛ ئۇلار پۇقرىلارغا سالغان كىشەنلەرنى بەلكىم ئادىللىق بىلەن سالغان بولۇشى مۇمكىن. \fp باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 19 ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ \m ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ.\f □ \fr 12:19 \ft \+bd «كاھىنلار»\+bd* ــ خەلققە ۋاكالىتەن قۇربانلىق قىلغۇچىلار، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغۇچىلار.\f* \m \v 20 ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛ \m ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ.\x + \xo 12:20 \xt ئايۇپ 32‏:9؛ يەش. 3‏:2، 3\x* \m \v 21 ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، \m ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ \add ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ\add*.\f □ \fr 12:21 \ft \+bd «ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئاقسۆڭەك، پالۋانلار ئەسلىدە مەلۇم بىر گۇناھ ياكى زالىملىقنى قىلغانلىقى ناتايىن. ئايۇپ بۇ يەردە: خۇدا تاشقى كۆرۈنۈشتە سەۋەبسىز ھالدا بۇ ئېسىلزادە كىشىلەرگە ھەرخىل كۈلپەت چۈشۈرىدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ، دېمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «ئاقساقاللارنىڭ ئەقلى ئېلىپ كېتىلگەن» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەسلىھەت بېرىدىغان ئادەملىرىنىڭمۇ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ پالاكەتلەر مەلۇم بىر گۇناھدىن چىققان بولۇشىمۇ ياكى ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئايۇپنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە قارىغاندا، 23-25-ئايەتلەردە دېيىلگەن ئاۋاتچىلىق ھەم كۈلپەتلەر ئوخشاشلا يۈز بەرگەندەك كۆرىنىدۇ.\f*  \x + \xo 12:21 \xt زەب. 107‏:40\x* \m \v 22 ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛ \m ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ.\x + \xo 12:22 \xt مات. 10‏:26؛ 1كور. 4‏:5\x* \m \v 23 ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛ \m ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ.\x + \xo 12:23 \xt زەب. 107‏:38\x* \m \v 24 ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ.\x + \xo 12:24 \xt زەب. 107‏:4-5، 40\x* \m \v 25 ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، \m ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ. \b \b \m \c 13 \s1 ئايۇپنىڭ دوستلىرىغا سۆزلەشتىن توختاپ، يەنە خۇداغا قاراپ سۆزلىشى \m \v 1 مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ \m مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن. \m \v 2 سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ \m مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق. \m \v 3 بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، \m مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ.\f □ \fr 13:3 \ft \+bd «... مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «... مېنىڭ خۇدا بىلەن دەۋالاشقۇم كېلىدۇ».\f* \m \v 4 سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، \m ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر. \x + \xo 13:4 \xt ئايۇپ 16‏:2\x* \m \v 5 سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى! \m بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى!\x + \xo 13:5 \xt پەند. 17‏:28\x* \m \v 6 مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، \m لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. \m \v 7 سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ \m ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟\x + \xo 13:7 \xt ئايۇپ 17‏:5؛ 32‏:21؛ 36‏:4\x* \m \v 8 ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ \add خۇشامەت\add* قىلماقچىمۇسىلەر؟! \m ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟ \m \v 9 ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ \m ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟ \m \v 10 سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، \m ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.\f □ \fr 13:10 \ft \+bd «.... سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن مەنىلەر ئىپادىلىنىدۇ. ئايۇپنىڭ بۇ بايانى ئۇلاردىن ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان بىر مىسال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۈچ دوستىغا ناھايىتى كەسكىن ھالدا خۇداغا خۇشامەتچىلىك قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 12-بابتا ئۇ خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مۇشۇ يەردە خۇدا ھەقىقەتنى ئىنتايىن ئەتىۋارلايدۇ. خۇدا دۇرۇس، لىللا گەپنى بەك سۆيىدۇ، كىشىلەرنىڭ خۇداغا ۋاكالەتچى بولۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ چىرايلىق پىكرىنى ئىپادىلىشىگە قەتئىي بولمايدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى ئىپادىلەيدۇ. خۇدانىڭ ھۆرمىتىگە لايىق سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىنسانغا بەرگەن ۋەھىيسىنى ئاساس قىلىش ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رېئاللىقتىن قەتئىي ئايرىلماي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكى كۆرۈنەرلىك پاكىتلارغا يۈزلىنىش زۆرۈردۇر. مەيلى خۇداغا، مەيلى باشقىلارغا خۇشامەتلىك ياكى يالغان گەپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. \fp ئۇ ئۈچ دوستىغا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، خۇداغا خۇشامەتچىلىك قىلسا، خۇدا ئۇلارنى جازالايدۇ. بۇ گەپ ئايۇپنىڭ خۇدانىڭ ئادالىتىگە قەتئىي ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ھازىرقى ئېتىقادى ھەم گۇمانى ئارىسىدىكى ئىچىدە بولغان كۈرەشنى بىزگە ئايان قىلىدۇ.\f* \m \v 11 بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، \m ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟ \m \v 12 پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ \m سىلەر \add ئىشەنچ باغلىغان\add* ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس.\f □ \fr 13:12 \ft \+bd «سىلەر ئىشەنچ باغلىغان ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، ....»\+bd* ــ ياكى «سىلەر ئىشەنچ باغلىغان جاۋابلارپەقەت لاي ئىستىھكاملار، ....».\f* \m \v 13 مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. \m بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن! \m \v 14 قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، \m مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن!\f □ \fr 13:14 \ft \+bd «قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز بولسا: «قانداقلا بولمىسۇن (يانى «نېمىشقا») ئەتلىرىمنى چىشىمدا ئېلىپ كۈرەش قىلىمەن؟» ــ ئۇ ئۆزىنى كەسكىن كۈرەش قىلماقچى بولغان بىر ھايۋانغا ئوخشىتىدۇ. \+bd «مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن!»\+bd* ــ ياكى: «نېمىشقا جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويدۇم؟».\f* \m \v 15 ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ \m بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛ \f □ \fr 13:15 \ft \+bd «ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن...»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئايۇپنىڭ ئېتىقادقا ئەڭ تولغان بايانلىرىدىن بىرى. ئىبرانىي تىلىدا «كۈتۈش» ۋە «تايىنىش» بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 13:15 \xt زەب. 23‏:4؛ پەند. 14‏:32\x* \m \v 16 بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ \m چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ. \m \v 17 سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، \m بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار. \m \v 18 مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ \m مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. \m \v 19 مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ \m ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم!\f □ \fr 13:19 \ft \+bd «مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم!»\+bd* ــ بۇ تېكىستنىڭ تۆت خىل تەرجىمىسى ياكى چۈشەنچىسى بار: ــ (1) ئايۇپ بىرەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ؛ ھەتتا بىرسى بەس-مۇنازىرىگە چىقسىلا: «مەن ئۇنىڭ سوئالىغا پىسەنت قىلماي، بۇ دۇنيادىن كېتىمەن» دېگەندەك؛ (2) ...ئۇنداق ئادەم چىقسا، مەن گەپ قىلماي سۈكۈتتە ئۆلۈپ كېتىشكە رازىمەن!؛ (3) ئۇ كىمنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىدىن قەتئىينەزەر، سۈكۈت قىلىشقا قەتئىي ئۇنىمايدۇ؛ (4) بىرسىنىڭ ئۆزى بىلەن يەنە بەس-مۇنازىرە قىلغۇسى بولسا، تېز بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ پات ئارىدا دۇنيادىن كېتىدۇ. بىز ئۈچىنچىسىنى ئىشلەتتۇق.\f* \m \v 20 \add ئاھ خۇدا\add*! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ \m شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن:\x + \xo 13:20 \xt ئايۇپ 9‏:34؛ 33‏:7\x* \m \v 21 ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ \m ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن.\f □ \fr 13:21 \ft \+bd «ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن... قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن»\+bd* ــ بىرىنچى ئىش بولسا، خۇدانىڭ ئۆز قولىنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلىشى بىلەن ئۇ ئازراق دەم ئالالايدۇ؛ ئىككىنچى ئىش، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى بولمىسا ئۇ جۈرئەتلىك بولۇپ سۆز قىلىدۇ، دېگەنلىك.\f* \m \v 22 ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ \m ياكى مەن ساڭا \add دەۋايىمدىن\add* سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن. \b \m \s1 ئايۇپ دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ \m \v 23 مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ \m ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر! \m \v 24 نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ \m نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟\x + \xo 13:24 \xt ئايۇپ 16‏:9؛ 19‏:11؛ 33‏:10؛ يىغ. 2‏:5\x* \m \v 25 ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ \m قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟ \m \v 26 چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، \m سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن.\x + \xo 13:26 \xt زەب. 25‏:7\x* \m \v 27‏-28 مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، \m مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، \m لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، \m ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ \m تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن. \x + \xo 13:27‏-28 \xt ئايۇپ 33‏:11\x* \b \b \m \c 14 \s1 ئۆلۈمدىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟ \m \v 1 ئانىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ كۈنلىرى ئازدۇر، \m پالاكەت ئۇنىڭغا ياردۇر.\x + \xo 14:1 \xt زەب. 90‏:5-6، 9-10؛ 102‏:11؛ 103‏:15؛ 144‏:4؛ ياق. 4‏:14\x* \m \v 2 ئۇ گۈلدەك دۇنياغا كېلىپ ئاندىن توزۇيدۇ، \m ئۇ \add قۇياش ئالدىدىن\add* سايىگە ئوخشاش قېچىپ كېتىدۇ.\x + \xo 14:2 \xt ئايۇپ 8‏:9؛ زەب. 90‏:5-6، 9-10؛ 102‏:11؛ 103‏:15؛ 144‏:4؛ يەش. 40‏:6؛ 1پېت. 1‏:24\x* \m \v 3 بىراق سەن تېخى شۇنداق بىر ئاجىز بولغۇچىغا كۆزۈڭنى تىكىپ، \m مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟\f □ \fr 14:3 \ft \+bd «مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟»\+bd* ــ ياكى «ئۇنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟».\f*  \x + \xo 14:3 \xt ئايۇپ 7‏:17،18؛ 10‏:20\x* \m \v 4 كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم!\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم!»\+bd* ــ دېمەك، ئىنسان بالىسى خۇدانىڭ ئالدىدا قانداق قىلىپ پاك بولالايدۇ ھەم قوبۇل قىلىنالايدۇ؟ ئايۇپنىڭ ئۆزى 19-بابتا بېشارەت قىلىپ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 14:4 \xt يار. 5‏:3؛ زەب. 51‏:5-7؛ يـۇھ. 3‏:6؛ رىم. 5‏:12؛ ئ‍ەف. 2‏:3\x* \m \v 5 \add ئىنساننىڭ\add* كۈنلىرى بېكىتىلگەندىكىن، \m ئۇنىڭ ئايلىرىنىڭ سانى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغاندىكىن، \m سەن ئۇنىڭ ئۆتسە بولمايدىغان چەكلىرىنى بېكىتكەندىكىن،\x + \xo 14:5 \xt ئايۇپ 7‏:1\x* \m \v 6 ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كۆزۈڭنى ئېلىپ قاچقىن، \m شۇنىڭ بىلەن مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن!\f □ \fr 14:6 \ft \+bd «ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ... مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن!»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ دېگىنى بويىچە ئىنسانلارغا ئادەتتىكى تۇرمۇشنىڭ (مەدىكارنىڭكىدەك) جاپاسى كۇپايە، شۇڭا ئۇ بۇ جاپالىق ھايات كۈنلىرىدىن ئازراققىنە ھۇزۇر ئالسۇن، «بۇ ئادەتتىكى جاپاغا تېخىمۇ كۆپ جاپا ئارتمىغايسەن» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 14:6 \xt ئايۇپ 7‏:1، 2، 16، 19؛ 10‏:20\x* \m \v 7 چۈنكى دەرەخ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈشتىن ئۈمىد بار؛ \m بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۇمران بىخلىرى تۈگەپ كەتمەيدۇ؛ \m \v 8 ئۇنىڭ يىلتىزى يەردە قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ كۆتىكى توپىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، \m \v 9 بىراق سۇنىڭ پۇرىقى بىلەنلا ئۇ يەنە كۆكىرىدۇ، \m يۇمران ئوت-چۆپتەك يېڭى بىخلارنى چىقىرىدۇ. \m \v 10 بىراق ئادەم بولسا ئۆلىدۇ، ئىلاجسىز ئوڭدا ياتىدۇ، بەرھەق، \m ئىنسان نەپەستىن قالىدۇ، ئاندىن نەدە بولىدۇ؟ \m \v 11 دېڭىزدىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ تۈگەپ كەتكەندەك، \m دەريالار قاغجىراپ قۇرۇپ كەتكەندەك، \m \v 12 ئوخشاشلا ئادەم يېتىپ قالسىلا قايتىدىن تۇرمايدۇ؛ \m ئاسمانلار يوقىمىغۇچە، ئۇلار ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇدىن تۇرمايدۇ. \m \v 13 ئاھ، تەھتىساراغا مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ ئىدى، \m غەزىپىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە مېنى مەخپىي ساقلاپ قويساڭ ئىدى، \m مېنى ئېسىڭگە ئالىدىغان بىر ۋاقىت-سائەتنى ماڭا بېكىتىپ بەرسەڭ ئىدى!\f □ \fr 14:13 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. يەنىلا 7-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ \m شۇنداق بولسا ماڭا شۇنداق ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگۈچە، \m مۇشۇ جاپاغا تولغان كۈنلىرىم ئۆتكۈچە، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم!\f □ \fr 14:14 \ft \+bd «ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ... سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم!»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ ئىنساننىڭ ئۈلۈمدىن (يەنى تەھتىسارادىن) تىرىلىشى توغرىسىدا خەۋىرى يوق. بىراق ئۇ بۇنداق ئىش بولسىلا، نەقەدەر ياخشى بولاتتى، ئۇنداق ئۈمىد ۋە سەۋر-تاقەت بىلەن خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى («شۇنداق ئۆزگىرىش»نى) كۈتەتتىم، دەيدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىلىشى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ (19-بابتا).\f* \m \v 15 شۇنداق بولسا سەن مېنى چاقىرساڭ، جاۋاب بېرەتتىم؛ \m سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى.\f □ \fr 14:15 \ft \+bd «شۇنداق بولسا ... سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى»\+bd* ــ ئايۇپ يەنىلا خۇدانىڭ ئۆزى تۈجۈپىلەپ ياراتقان ھەممە ئىنسانغا بولغان ئاجايىب ئۈمىد-ئارزۇسىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 16 بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ، \m گۇناھىمنى كۆزىتىۋاتىسەنغۇ!\f □ \fr 14:16 \ft \+bd «بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ...»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ...».\f*  \x + \xo 14:16 \xt ئايۇپ 31‏:4؛ 34‏:21؛ زەب. 56‏:8؛ 139‏:1-5؛ پەند. 5‏:21؛ يەر. 32‏:19\x* \m \v 17 ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى، \m گۇناھلىرىمنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ ساقلاپ قويدۇڭ.\f □ \fr 14:17 \ft \+bd «ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى...»\+bd* ــ بەزى تەرجىمانلار ئايۇپنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى، خۇدا ئايۇپنىڭ گۇناھلىرىنى ياپقانىكەن، دەپ قارايدۇ. بىز ئەكسىچە، ئايۇپنىڭ مۇشۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى خۇدا ئۇنى تېخىمۇ ئەيىبلەش ئۈچۈن گۇناھلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ پېچەتلەپ ساقلاپ قويغان، دەپ چۈشىنىمىز.\f* \m \v 18 دەرۋەقە تاغمۇ يىمىرىلىپ يوقالغاندەك، \m تاش ئۆز ئورنىدىن تەۋرىنىپ كەتكەندەك، \m \v 19 سۇلار تاش-شېغىللارنى ئۇپرىتىپ يوقاتقاندەك، \m توپانلار زېمىندىكى توپىنى سۈپۈرۈپ كەتكەندەك، \m سەن ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلىسەن. \m \v 20 سەن مەڭگۈگە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، \m شۇڭا ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ چىرايىنى تۇتۇلدۇرىسەن، \m ئۇنى ئۆز يېنىڭدىن يىراق قىلىسەن. \m \v 21 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ؛ \m ئۇلار پەس قىلىنسىمۇ، \m بىراق ئۇنىڭ بۇلاردىنمۇ خەۋىرى بولمايدۇ. \m \v 22 ئۇ \add پەقەت\add* ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، \m ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ. \f □ \fr 14:22 \ft \+bd «ئۇ پەقەت ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ... ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە ئىنسان گۆرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۆز تېنىنىڭ چىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قىينىلىدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 15 \s1 ئېلىفاز يەنە سۆزلەيدۇ ــ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى \m \v 1 تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟ \m \add دانىشمەن\add* قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟ \m \v 3 پايدىسىز سۆزلەر بىلەن، \m تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟ \m \v 4 بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن، \m خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن. \m \v 5 چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ، \m سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن. \m \v 6 مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ، \m ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.\f □ \fr 15:6 \ft \+bd «ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ»\+bd* ــ ئېلىفاز مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ خۇدا ئالدىدا جازالانغان گۇناھى ھەم ھاكاۋۇرلۇقى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن قىلغان ئاچچىق ھەم ئۆتكۈر سۆزلىرىدە كۆرۈنىدۇ، دېمەكچى. بىراق ئېلىفاز بىلەن ئىككى دوستىنىڭ ئايۇپنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۇ ئاچچىق ئۆتكۈر سۆزلەرگە مەسئۇلىيىتى بار.\f* \m \v 7 سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟ \m سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟ \m \v 8 تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟ \m دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟\x + \xo 15:8 \xt رىم. 11‏:34\x* \m \v 9 سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟ \m سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟ \m \v 10 ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ، \m ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر.\f □ \fr 15:10 \ft \+bd «ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ... »\+bd* ــ ئېلىفاز ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش دەپ قاراۋاتىدۇ.\f*  \x + \xo 15:10 \xt ئايۇپ 32‏:7\x* \m \v 11 تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، \m يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟ \m \v 12 نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟ \m كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟ \m \v 13 شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، \m ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن! \m \v 14 ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ \m ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟\x + \xo 15:14 \xt 1پاد. 8‏:46؛ 2تار. 6‏:36؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 14‏:2-3؛ 51‏:5؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8،10\x* \m \v 15 قارا، \add خۇدا\add* ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، \m ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،\f □ \fr 15:15 \ft \+bd «قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «مۇقەددەسلەر» خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئېلىفاز يامان روھنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرگە (15:4-21) ئىشىنىپ، قايتىلايدۇ.\f*  \x + \xo 15:15 \xt ئايۇپ 4‏:18؛ 25‏:5\x* \m \v 16 يىرگىنچلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن، \m قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟\f □ \fr 15:16 \ft \+bd «قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچكەن بىر ئادەم»\+bd* ــ مۇشۇ گەپ، شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 17 مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛ \m كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن. \m \v 18 دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان، \m يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ \m \v 19 (پەقەت شۇلارغىلا، \add يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا\add* يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، \m ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى)\f □ \fr 15:19 \ft \+bd «پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى»\+bd* ــ ئېلىفاز بۇ سۆز بىلەن بۇ ئاتا-بوۋىلارنىڭ خۇدا ئالدىدا ھەققانىي بولغانلىقىنى، شۇڭا خۇدا ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنىنى يات ئادەملەرنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن قوغدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى ئۇرۇش-جېدەلنىڭ دەخلىگە ئۇچرىماي، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، بىلىمى پەللىگە يەتكەنىدى، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 20 ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، \m زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر.\f □ \fr 15:20 \ft \+bd «رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر»\+bd* ــ بۇ سۆز ھەم تۆۋەندىكى 35-ئايەتكىچە بولغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئايۇپقا بىۋاسىتە قارىتىلىپ دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 21 ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ، \m باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ.\x + \xo 15:21 \xt 1تېس. 5‏:3\x* \m \v 22 قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ، \m ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر. \m \v 23 ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ، \m ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ.\f □ \fr 15:23 \ft \+bd «ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ يولدىن تېنىپ كېتىپ، قورۇلتازلار ئۈچۈن يەم بولىدۇ».\f*  \x + \xo 15:23 \xt ئايۇپ 18‏:12؛ زەب. 109‏:10\x* \m \v 24 دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ، \m ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. \m \v 25 چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن، \m ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان، \m \v 26 شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، \m كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ. \m \v 27 يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ، \m بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ، \m \v 28 ئۇ خارابە شەھەرلەردە، \m ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان، \m كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛\f □ \fr 15:28 \ft \+bd «ئۇ خارابە شەھەرلەردە...، كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ»\+bd* ــ قەدىمدە بەزى شەھەرلەر خۇدانىڭ لەنىتى بىلەن ۋەيران بولغان بولۇپ، خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بۇ جايلاردا ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى قايتىدىن قۇرۇپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا پېتىنالمايتتى. بىراق (ئېلىفازنىڭ دېيىشىچە) بۇ رەزىل كىشىلەر (جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزى؟) خۇدادىن قورقماي ئۇنداق يەرلەردە تۇرۇشتىن باش تارتمايتتى.\f* \m \v 29 ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ، \m ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، \m ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ. \m \v 30 ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، \m يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ، \m \add خۇدانىڭ\add* بىر نەپىسى بىلەن ئۇ \add دۇنيادىن\add* كېتىدۇ.\f □ \fr 15:30 \ft \+bd «خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ».\f* \m \v 31 ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن! \m ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛ \m \v 32 ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا، \m ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\x + \xo 15:32 \xt ئايۇپ 22‏:16؛ زەب. 55‏:23\x* \m \v 33 ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك، \m زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.\f □ \fr 15:33 \ft \+bd «ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك...»\+bd* ــ ئادەتتە ئۈزۈم تېلى پىشمىغان ئۈزۈملىرىنى تاشلىمايدۇ. بىراق ئېلىفاز شۇ ئوخشىتىشى بىلەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى تېخى ھېچ پىشمىغان بولۇپ بىكارغا كېتىدۇ، دېمەكچى.\f* \m \v 34 چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ، \m ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ. \m \v 35 \add بىراق\add* ئۇلار \add ھەردائىم\add* يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ، \m كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ. \x + \xo 15:35 \xt زەب. 7‏:14؛ يەش. 59‏:4؛ ھوش. 10‏:13\x* \b \b \m \c 16 \s1 ئايۇپ يەنە جاۋاب بېرىدۇ ــ ئەرشتە تۇرىدىغان گۇۋاھچى \m \v 1 ئاندىن ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ \m سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە!\x + \xo 16:2 \xt ئايۇپ 13‏:4\x* \m \v 3 مۇنداق ۋاتىلداپ قىلغان گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى بارمۇ؟ \m سىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىشكە زادى نېمە قۇتراتقۇلۇق قىلدى؟ \m \v 4 خالىساملا ئۆزۈم سىلەرگە ئوخشاش سۆز قىلالايتتىم؛ \m سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولىدىغان بولساڭلار، \m مەنمۇ سۆزلەرنى باغلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، سىلەرگە زەربە قىلالايتىم، \m بېشىمنىمۇ سىلەرگە قارىتىپ چايقىيالايتتىم! \m \v 5 ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، \m لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى. \m \v 6 لېكىن مېنىڭ سۆزلىشىم بىلەن ئازابىم ئازايمايدۇ؛ \m ياكى گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋالىساممۇ، ماڭا نېمە ئارامچىلىق بولسۇن؟ \m \v 7 بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ \m شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ!\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ!\+bd* ــ 8- ۋە 9-ئايەتتىكى «ئۇ» ۋە «سەن» خۇدانى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 سەن مېنى قاماللىدىڭ! \m شۇنىڭ بىلەن \add ئەھۋالىم ماڭا\add* گۇۋاھلىق قىلماقتا؛ \m مېنىڭ ئورۇق-قاقشال \add بەدىنىم\add* ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق قىلىدۇ!\f □ \fr 16:8 \ft \+bd «سەن مېنى قاماللىدىڭ!»\+bd* ــ ياكى: «سەن مېنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ!». \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالىم ماڭا گۇۋاھلىق قىلماقتا!»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ شۇ بىچارە ئەھۋالى: «سەن چوقۇم ئېغىر بىر گۇناھ قىلغانسەن، بولمىسا بۇ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشمىگەن بولاتتى» دەپ ئۆزىگە گۇۋاھلىق قىلغاندەك قىلىدۇ.\f* \m \v 9 ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ، \m مېنى ئوۋ ئولجىسى قىلىدۇ؛ \m ئۇ ماڭا قاراپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ؛ \m مېنىڭ دۈشمىنىمدەك كۆزىنى ئالايىتىپ ماڭا تىكىدۇ.\f □ \fr 16:9 \ft \+bd «ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ،...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ تۇمشۇقى بىلەن مېنى تىتما قىلىپ،...». مۇشۇ يەردە ئايۇپ خۇدانى ئۆزىگە يىرتقۇچ ھايۋاندەك زەربە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئېيتماقچى.\f*  \x + \xo 16:9 \xt ئايۇپ 10‏:16،17؛ 13‏:24\x* \m \v 10 \add ئادەملەر\add* ماڭا قاراپ \add مازاق قىلىشىپ\add* ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ \m ئۇلار نەپرەت بىلەن مەڭزىمگە كاچاتلايدۇ؛ \m ماڭا ھۇجۇم قىلاي دەپ سەپ تۈزىدۇ. \m \v 11 خۇدا مېنى ئەسكىلەرگە تاپشۇرغان؛ \m مېنى رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلىۋەتكەنىكەن. \m \v 12 ئەسلىدە مەن تىنچ-ئامانلىقتا تۇراتتىم، بىراق ئۇ مېنى پاچاقلىدى؛ \m ئۇ بوينۇمدىن سىلكىپ بىتچىت قىلىۋەتتى، \m مېنى ئۆز نىشانى قىلغانىكەن.\x + \xo 16:12 \xt ئايۇپ 7‏:20؛ يىغ. 3‏:12\x* \m \v 13 ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قاپسىۋالدى؛ \m ھېچ ئايىماي ئۇ ئۈچەي-باغرىمنى يىرتىپ، \m ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى. \m \v 14 ئۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىمگە ئۈستى-ئۈستىلەپ زەخىم قىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ؛ \m ئۇ پالۋاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ. \m \v 15 تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ \m ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم.\f □ \fr 16:15 \ft \+bd «تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بۆز رەخت» قەدىمكى زامانلاردا ئادەمنىڭ قاتتىق ماتەم تۇتۇش، پۇشايمان قىلىش ياكى توۋا قىلىشىنىمۇ ئىپادىلەيتتى. مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، «ماتەم تۇتۇش»نى بىلدۈرمەكچى. \fp «ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم» دېگىنى ئىبرانىي تىلىدا «مۈڭگۈزۈمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم» دېگەنلىكتۇر. كالىنىڭ ياكى بۇقىنىڭ مۈڭگۈزى ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەم ئابرۇيىنىڭ سىمۋولى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 16:15 \xt ئايۇپ 30‏:19\x* \m \v 16‏-17 گەرچە قولۇمدا ھېچقانداق زوراۋانلىق بولمىسىمۇ، \m دۇئايىم چىن دىلىمدىن بولغان بولسىمۇ، \m يۈزۈم يىغا-زارىدىن قىزىرىپ كەتتى؛ \m قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى.\f □ \fr 16:16‏-17 \ft \+bd «قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى»\+bd* ــ ياكى «زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇق سايىسى باستى».\f* \m \v 18 ئاھ، يەر-زېمىن، قېنىمنى ياپمىغىن! \m نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي!\f □ \fr 16:18 \ft \+bd «نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي!»\+bd* ــ دېمەك، «ئىجابەت بولمىغۇچە پەريادىم ھەردائىم ھەم خۇداغا ھەم ئادەملەرگە ئاۋارىچىلىك بولسۇن».\f* \m \v 19 بىراق مانا، ئاسمانلاردا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار! \m ئەرشلەردە ماڭا كاپالەت بولغۇچى بار! \m \v 20 ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن، \m بىراق كۆزۈم تېخىچە تەڭرىگە ياش تۆكمەكتە.\f □ \fr 16:20 \ft \+bd «ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن...»\+bd* ــ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى، «ماڭا ۋاكالەت بولغۇچى مېنىڭ دوستۇم ئىكەن».\f* \m \v 21 ئاھ، ئىنسان بالىسى دوستى ئۈچۈن كېلىشتۈرگۈچى بولغاندەك، \m تەڭرى بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى!\x + \xo 16:21 \xt ئايۇپ 31‏:35؛ توپ. 6‏:10؛ يەش. 45‏:9؛ رىم. 9‏:20\x* \m \v 22 چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، \m مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن.\f □ \fr 16:22 \ft \+bd «يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن»\+bd* ــ ئايۇپ بەزىدە «بۇ دۇنيادىن پات ئارىدا كېتىمەن» دەپ، بەزىدە «بىرنەچچە يىل ئازابلار مېنى كۈتىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئۇ بىرىنچى ئىمكانىيەتنى نىسبەتەن ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \b \b \m \c 17 \m \v 1 مېنىڭ روھىم سۇنۇق، \m كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، \m گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە.\f □ \fr 17:1 \ft \+bd «مېنىڭ روھىم سۇنۇق»\+bd* ــ ياكى «نەپىسىم سىقىلىپ كەتتى».\f* \m \v 2 ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ \m كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر. \m \v 3 ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ \m سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟\f □ \fr 17:3 \ft \+bd «ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر خۇداغا ئېيتىلغان، ئەلۋەتتە. \fp «بورۇن» (كېپىل بولغۇچى) ــ قەدىمكى زامانلاردا، بىرسى مەلۇم بىر ئىشتا ئەيىبلەنگۈچى بولسا، سوتچى ھۆكۈم قىلغۇچە ئەيىبلەنگۈچى ۋاقىتلىق ئەركىن بولالمايدۇ، بەلكى قاماپ قويۇلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ مەلۇم بىر دوستى ئۇنىڭغا كاپالەت بېرىشكە رازى بولسا، ئەيىبلەنگۈچى ئەركىن يۈرىۋەرسە بولىدۇ. كاپالەت بەرگۈچى ئۇنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكىگە تولۇق كاپالەت بەرگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر قېچىپ كەتسە ئۇنىڭ ئورنىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىدۇ؛ ئاندىن ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن (ئۆز دوستى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغان بولسا) دوستىنىڭ ئورنىدا تېگىشلىك جازانى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. كاپالەت بەرگۈچى بولسا ھۆرمەتكە سازاۋەر، جامائەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئايۇپ مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ ھەم دوستلىرى تەرىپىدىن ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ: «خۇدا، سەن مېنى بۇ ئىشلاردا ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق دەپ بىلىسەن، شۇڭا مەن ئۈچۈن كاپالەپ بولالمامسەن؟» ــ دېگەندەك جاسارەتلىك دۇئا قىلىدۇ. \fp (بەزى ئالىملار بۇ سۆزنىڭ باشقا بىر چۈشەنچىسى بار دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، ئايۇپ 2-ئايەتتە: ــ «ئەتراپىمدىكىلەر ئالدامچى، مازاق قىلغۇچىلار بولمىسا ئايۇپ بولماي كېتەي! كۆزۈمنىڭ... ئامالى يوقتۇر» دېگەن قەسەمنى ئىچىدۇ؛ 3-ئايەتتە ئۇ خۇدادىن بۇ قەسەمنى ئادا قىلىشقا (كىمنىڭ توغرا بولسا ئۇنى ئاقلاش، كىمنىڭ خاتا بولسا ئۇنى جازالاشقا) كاپالەتچى ھەم گۇۋاھچى بولۇشنى ئۆتۈنىدۇ، ئاندىن 4-ئايەتتە (شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە) ئۇ ئىلتىجاسىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن بېجىرىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ: «چۈنكى سەن دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلمىساڭ بولمايدۇ!» ــ دېگەندەك).\f*  \x + \xo 17:3 \xt 2كور. 5‏:19\x* \m \v 4 چۈنكى سەن \add دوستلىرىمنىڭ\add* كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ \m شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن! \m \v 5 غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، \m ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ. \m \v 6 ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛ \m مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم.\x + \xo 17:6 \xt ئايۇپ 30‏:9\x* \m \v 7 دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، \m بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى. \m \v 8 بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ \m بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ. \m \v 9 بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، \m قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ.\f □ \fr 17:9 \ft \+bd «... قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ ئېتىقادى يەنىلا ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئۇ خۇدانىڭ ئۆز دۈشمىنى بولۇپ چىققانلىقىنى ھېس قىلغىنى بىلەن، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنىڭ ھەققانىي يولدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خۇدا ئاخىردا ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭشايدۇ، دەپ بېشارەت بېرىدۇ.\f* \m \v 10 ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ \m ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن.\x + \xo 17:10 \xt ئايۇپ 6‏:29\x* \m \v 11 كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، \m مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى.\x + \xo 17:11 \xt ئايۇپ 7‏:6؛ 9‏:25\x* \m \v 12 بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ \m ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.\f □ \fr 17:12 \ft \+bd «بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپ دوستلىرىمنى ھەقىقەتنى يورمىلاپ، ئاقنى قارا، قارىنى ئاق دەۋاتىدۇ، شۇنداقلا ماڭا قۇرۇق ئۈمىدلەرنى («نۇر يېقىنلىشىدۇ!» دەپ) يەتكۈزمەكچى، دەيدۇ.\f* \m \v 13 ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ \m مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن.\f □ \fr 17:13 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ 7-باب، 9-ئايەت ۋە شۇ ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 «چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، \m قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن!\f □ \fr 17:14 \ft \+bd «مېنىڭ ئاتام!»\+bd* ــ بۇ ئىبارىنىڭ قەدىمدە «بېگىم!» «تەقسىر!» دېگەن مەنىسىمۇ بار ئىدى.\f* \m \v 15 ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ \m شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟ \m \v 16 ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! \m بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز! \f □ \fr 17:16 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ 7-باب، 9-ئايەت ۋە شۇ ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز!»\+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ سوئال جۈملە شەكلىدە قىلىنغان تەرجىمىسىمۇ ئۇچرايدۇ: «ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ قالارمۇ؟ بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتەرمىزمۇ؟».\f*  \x + \xo 17:16 \xt ئايۇپ 3‏:17،18،19؛ 30‏:23،24\x* \b \b \m \c 18 \s1 بىلدادمۇ «يامانلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى» توغرۇلۇق سۆز قىلىدۇ \m \v 1 شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ \m سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز. \m \v 3 بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ \m نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟\f □ \fr 18:3 \ft \+bd «بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟»\+bd* ــ «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بىلدادنىڭ بۇ سۆزىنىڭ پەقەت ئايۇپقىلا قىلىنغان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا گەپ ئاڭلىغۇچىلاردىن بەزىلەر ئايۇپنىڭ جاسارەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قول قويدىمۇ-يا؟\f* \m \v 4 ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! \m تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!\f □ \fr 18:4 \ft \+bd «ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا ... تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!»\+bd* ــ ئايۇپ 16-باب، 9-ئايەتتە، «ئۇ (خۇدا)نىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلدى» دېگەن. بىلداد، شۈبھىسىزكى، بۇ گەپنى مازاق قىلىپ: «سېنىڭ يىرتىلىشىڭ خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزۈڭنىڭ غەزىپى بىلەندۇر» دېمەكچى. \fp بىلداد يەنە خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغ ھەم ئالىي بولغاچقا، ئايۇپ ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشاي، ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي دەپ ئۆز ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ مازاق قىلىدۇ ــ دېمەك، بىلداد «ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشى، كۆرۈشۈشى زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كۆزقاراشتا بولىدۇ. بىراق ئايۇپ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن خۇدا بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئايۇپنى خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى دەپ بىلگەن كىشى، دەپ كۆرەلەيمىز (4:29).\f*  \x + \xo 18:4 \xt ئايۇپ 13‏:14؛ زەب. 113‏:6؛ يەش. 54‏:10؛ مات. 10‏:29-31؛ رىم. 8‏:32\x* \m \v 5 قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، \m ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ. \m \v 6 چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، \m ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ. \m \v 7 ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، \m ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ. \m \v 8 چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، \m ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ. \m \v 9 قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، \m تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ.\x + \xo 18:9 \xt ئايۇپ 5‏:5\x* \m \v 10 يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، \m يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار. \m \v 11 ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ، \m ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ.\x + \xo 18:11 \xt ئايۇپ 15‏:21؛ يەر. 6‏:25؛ 46‏:5؛ 49‏:29\x* \m \v 12 ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ \m پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ.\f □ \fr 18:12 \ft \+bd «ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «بالايىئاپەت ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە ئاچكۆزلۈك بىلەن كۈتىۋاتىدۇ...»\f*  \x + \xo 18:12 \xt ئايۇپ 15‏:23\x* \m \v 13 ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ.\f □ \fr 18:13 \ft \+bd «ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى»\+bd* ــ بەلكىم بىرخىل كېسەلنى (ئايۇپنىڭ كېسىلىنى؟) كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، \m \add ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى\add* ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ.\x + \xo 18:14 \xt ئايۇپ 8‏:13، 14؛ 11‏:20؛ پەند. 10‏:28\x* \m \v 15 ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ \m تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 18:15 \ft \+bd «باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ»\+bd* ــ ياكى « ئوت ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ».\f* \m \v 16 ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ \m ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ. \m \v 17 ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، \m سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ.\f □ \fr 18:17 \ft \+bd «سىرتلاردا...»\+bd* ــ ياكى: «يايلاقلاردا...» ياكى «دالادا...».\f*  \x + \xo 18:17 \xt زەب. 109‏:13؛ پەند. 10‏:7\x* \m \v 18 ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، \m بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ. \m \v 19 ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، \m ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ.\x + \xo 18:19 \xt يەش. 14‏:22؛ يەر. 22‏:30\x* \m \v 20 ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، \m خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك.\f □ \fr 18:20 \ft \+bd «خۇددى ئالدىنقىلار چۆچۈپ كەتكەندەك»\+bd* ــ بىلداد ئېيتقان «ئالدىنقىلار»نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \fp \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەشرىقتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەغرىبتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەشرىقتىكىلەرمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ».\f* \m \v 21 مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، \m تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر. \f □ \fr 18:21 \ft \+bd «مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر»\+bd* ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدە: «قەبىھ ئادەم»، «تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشى» دېگىنى، «سەن ئايۇپتىن باشقا كىشى ئەمەس» دېمەكچى.\f* \b \b \m \c 19 \s1 ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ: ــ «مەن خۇدانى كۆرىمەن!» \m \v 1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر، \m قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟ \m \v 3 سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛ \m ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر.\f □ \fr 19:3 \ft \+bd «سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «ئون قېتىم» دېگىنى «نۇرغۇن قېتىم»نىڭ بىرخىل ئىپادىسى.\f* \m \v 4 ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا، \m مەن ئەمدى ئۇنىڭ \add دەردىنى\add* تارتىمەن. \m \v 5 ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار، \m يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار، \m \v 6 ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن، \m ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛ \m \v 7 قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن، \m بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛ \m مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ. \m \v 8 ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى، \m قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى. \m \v 9 ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى، \m بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى. \m \v 10 ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛ \m ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى. \m \v 11 غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى، \m مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى.\x + \xo 19:11 \xt ئايۇپ 13‏:24؛ 16‏:9؛ 33‏:10؛ يىغ. 2‏:5\x* \m \v 12 ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى، \m پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، \m ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى. \m \v 13 ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى، \m تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى.\x + \xo 19:13 \xt زەب. 31‏:11-12؛ 38‏:11-12؛ 69‏:8؛ 88‏:8، 18\x* \m \v 14 تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى، \m دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى. \m \v 15 ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم.\f □ \fr 19:15 \ft \+bd «ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار»\+bd* ــ ياكى «ئۆيۈمدىكى مېھمانلار». \+bd «ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ ئۆيىدە تۇرغان مۇساپىرلار (بەلكىم ئەسلىدە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بولغانلار) ھازىر ئۇنى يات ئادەم، مۇساپىر دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 16 مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ \m شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك.\f □ \fr 19:16 \ft \+bd «مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ ئەسلىدە چاكىرىغا بۇيرۇق بېرىش ئۈچۈن سۆز قىلىشى بەلكىم ھاجەتسىز ئىدى، ئۇنىڭ بىر ئىماسى ياكى قاراپ قويۇشى كۇپايە ئىدى.\f* \m \v 17 تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ، \m ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار.\f □ \fr 19:17 \ft \+bd «ئاكا-ئۇكىلىرىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ئوغۇللار». \+bd «ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار»\+bd* ــ ياكى «ئاكا-ئۇكىلىرىم يېلىنىشلىرىمدىن بىزار».\f* \m \v 18 ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛ \m ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ.\x + \xo 19:18 \xt ئايۇپ 30‏:1\x* \m \v 19 مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، \m مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى.\x + \xo 19:19 \xt زەب. 41‏:9؛ 55‏:12-14\x* \m \v 20 ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، \m جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى.\f □ \fr 19:20 \ft \+bd «جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىنى سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق: «جېنىم چىشلىرىمنىڭ تېرىسىنىڭ ئۈستىدىلا قالدى».\f*  \x + \xo 19:20 \xt ئايۇپ 30‏:30؛ زەب. 102‏:5؛ يىغ. 4‏:8\x* \m \v 21 ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! \m چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى. \m \v 22 سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟ \m سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!\f □ \fr 19:22 \ft \+bd «سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!»\+bd* ــ ئەرەبلەر (ۋە بەلكىم ئىبرانىيلار) بەزىدە «ئادەمنىڭ ئېتىنى يېيىش» دېگەننى «ئادەمگە تۆھمەت چاپلاش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىدۇ. ئايۇپنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئازابلىرىنى ئاز دەپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا يەنە «خۇدا سېنى تاشلىۋەتتى» دېگەن ۋەھىمىنى ئارتىپ قويغان.\f* \b \m \s1 قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 23 ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! \m ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى! \m \v 24 ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى! \m ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!\f □ \fr 19:24 \ft \+bd «ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ... ... ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!»\+bd* ــ ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى (23-24-ئايەت) ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بىز ھازىر ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابغا پۈتۈكلۈك سۆزلىرىنى ئوقۇۋاتىمىز (باشقا خىل تەرجىمىسى ئۇچرىشى مۇمكىن).\f* \m \v 25 بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، \m ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!\f □ \fr 19:25 \ft \+bd «ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر»\+bd* ــ ئايۇپ ئەسلىدە 9-بابتا خۇدا ھەم ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بىر «ئەلچى» ياكى «ئارىچى» بولسا ئىدى، دېگەن ئىنتىزارىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئۆزىنىڭ مۇنداق بىر «كېلىشتۈرگۈچى»سىنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى جاكارلايدۇ؛ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» («ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى») دېگەن بۇ سۆز، ئادەتتە بىرسى مەلۇم ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭغا تۇغقانچىلىق (ھەمجەمەتلىك) قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن «بەدەل تۆلەيدىغان قۇتقۇزغۇچى تۇغقىنى»نى بىلدۇرىدۇ. بۇ قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارىنىڭ بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا: ــ ئۇ كەلگۈسىدە ئۆز كۆزى بىلەن خۇداسىنى كۆرەلەيدۇ ھەمدە شۇ چاغدا خۇدا ئۇنىڭ بېشىغا چۈشكەنلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ بايان ئىنتايىن ھەيران قالارلىق، ھەم بەزى جەھەتلەردىن ئايۇپنىڭ بايانلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. \fp «گوئېل» توغرۇلۇق يەنە «رۇت»تىكى «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ ئاخىرقى بولغۇچى بولۇپ يەر يۈزىدە تۇرىدۇ».\f*  \x + \xo 19:25 \xt مىس. 6‏:6؛ لاۋ. 25‏:47-49؛ ئايۇپ 33‏:23-24؛ يـۇھ. 11‏:25؛ 1كور. 15‏:20-22\x* \m \v 26 ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، \m مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!\f □ \fr 19:26 \ft \+bd «مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. «مەن تېنىمدىن سىرت (دېمەك، روھ تەندىن كەتكەندىن كېيىن) خۇدانى كۆرىمەن!» دېگەن باشقا بىر خىل تەرجىمىسى بار. بۇ خىل تەرجىمە توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مەنىسى «ھازىرقى تېنىمدىن سىرت...» دېگەنلىك بولسا كېرەك. مەيلى قايسى خىل مەنىدە ئېيتىلغان بولسۇن، ئايۇپنىڭ كۆزى ئۆزىنىڭ خۇداسىنى كۆرۈشىگە يەتكەن.\f* \m \v 27 ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، \m باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ \m ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!\f □ \fr 19:27 \ft \+bd «ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق: «مېنىڭ بۆرەكلىرىم (يۈرەكلىرىم، دېمەك) ئىچىمدە تۈگەي دەپ قالدى!». ئىبرانىيلار ئۈچۈن، «بۆرەكلەر» ئادەمنىڭ ھېسسىياتلىرىنىڭ، ۋىجدانىنىڭمۇ چوڭقۇر يىلتىزىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇ جۈملە، ئايۇپنىڭ خۇدانى كۆرۈشتىن ئىبارەت زور ئىنتىزارىغا ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 28 ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، \m ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،\f □ \fr 19:28 \ft \+bd «ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،...»\+bd* ــ ئايۇپ ئۆز دوستلىرىنىڭ «ئايۇپنىڭ يوشۇرۇن گۇناھلىرىنى پاش قىلمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايلى» دېگەن پوزىتسىيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى.\f* \m \v 29 ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك! \m چۈنكى \add خۇدانىڭ\add* غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن سىلەر \add خۇدانىڭ\add* سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر». \b \b \m \c 20 \s1 زوفارمۇ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە سۆز قىلىدۇ \m \v 1 ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، \m چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە.\f □ \fr 20:2 \ft \+bd «مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە»\+bd* ــ زوفارنىڭ بىر ئىشلارغا بەكمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدىغان خاراكتېرى بۇ سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ.\f* \m \v 3 مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، \m شۇڭا مېنىڭ روھ-زېھنىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى. \m \v 4 سەن شۇنى بىلمەمسەنكى، \m يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، \m \v 5 رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، \m ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر.\x + \xo 20:5 \xt زەب. 37‏:35،36\x* \m \v 6 ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ، \m بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ، \m \v 7 يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛ \m ئۇنى كۆرگەنلەر: «ئۇ نەدىدۇر؟» دەيدۇ. \m \v 8 ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، \m قايتا تاپقىلى بولمايدۇ؛ \m كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتەك ئۇ ھەيدىۋېتىلىدۇ. \m \v 9 ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ، \m ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا ئۇچراتمايدۇ. \m \v 10 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ \m شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. \m \v 11 ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ، \m بىراق \add ئۇنىڭ ماغدۇرى\add* ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپا-چاڭدا يېتىپ قالىدۇ. \m \v 12 گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ، \m ئۇ ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان بولسىمۇ، \m \v 13 ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، \m ئۇ ئۇنى ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ،\f □ \fr 20:13 \ft \+bd «ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنى ئاياپ مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ». دېمەك، ئاغزىدا قالدۇرىۋەرمەكچى بولىدۇ. \+bd «ئۇ ئۇنى \+bd*\+bdit ، يەنى رەزىللىكنى\+bdit* ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ...» ــ زوفارنىڭ بۇ بايانى ئىنتايىن زەھەرخەندىلىككە تولغان بولۇپ، بۇ سۆزلەر شۈبھىسىزكى، ئايۇپنى بىۋاسىتە ئەيىبلەش ئۈچۈن قارىتىلىدۇ؛ ئۇ: «رەزىللىك ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان» ۋە «ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان»، ھەم 20-ئايەتتىكى «مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن»، «ئۆزى سالمىغان بىر ئۆينى ئۆزى ئىگىلىۋالغان» دەپ تەسۋىرلىگەن كىشى دەل ئايۇپتىن باشقا كىشى ئەمەس ئىدى.\f* \m \v 14 بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ، \m كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىگە ئايلىنىدۇ. \m \v 15 ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ \m خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. \m \v 16 ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، \m چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. \m \v 17 ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ، \m بال ۋە سېرىق ماي بىلەن ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. \m \v 18 ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ، \m تىجارەت قىلغان پايدىسىدىن ئۇ ھېچ ھۇزۇرلىنالمايدۇ. \m \v 19 چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛ \m ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆينى ئىگىلىۋالغان. \m \v 20 ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ، \m ئۇ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.\f □ \fr 20:20 \ft \+bd «ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئاشقازىنى ھېچ خاتىرجەملىكنى بىلمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەر 22-24ئايەتلەرنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 21 ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ، \m شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. \m \v 22 ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ \m ھەربىر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. \m \v 23 ئۇ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقىنىدا، \m خۇدا دەھشەتلىك غەزىپىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىدۇ؛ \m ئۇ غىزالىنىۋاتقاندا \add غەزىپىنى\add* ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ. \m \v 24 ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ، \m بىراق مىس ئوقيا ئۇنى سانجىيدۇ. \m \v 25 تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە، \m يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، \m ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ.\f □ \fr 20:25 \ft \+bd «يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ»\+bd* ــ زوفار يامان ئادەملەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئازابلىرىدىن بەك ھۇزۇرلىنىدىغاندەك قىلاتتى.\f* \m \v 26 زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ، \m ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، \m ئۇنىڭ چېدىرىدا قېلىپ قالغانلىرىنىمۇ يۇتۇۋېتىدۇ.\f □ \fr 20:26 \ft \+bd «ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ئوتىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 27 ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛ \m يەر-زېمىنمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ. \m \v 28 ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ، \m \add خۇدانىڭ\add* غەزەپلىك كۈنىدە كەلكۈن ئۇلغىيىپ ئۆي-بىساتىنى غۇلىتىدۇ.\f □ \fr 20:28 \ft \+bd «ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «كەلكۈن ئۆيىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ».\f* \m \v 29 خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، \m بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر». \f □ \fr 20:29 \ft \+bd «خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر»\+bd* ــ زوفارنىڭ بايانلىرى جەملەشتۈرۈلگىنىدە، ئۇ دېگەن «رەزىل ئادەم» ئەمەلىيەتتە تۆت-بەش پۈتۈنلەي باشقا-باشقا يول بىلەن ئۆلگەن!\f* \b \b \m \c 21 \s1 ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ ــ خۇدانىڭ جاھاننى ئىدارە قىلىشى \m \v 1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، \m بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن «تەسەللىلىرىڭلار»نىڭ ئورنىدا بولسۇن! \m \v 3 سۆز قىلىشىمغا يول قويساڭلار؛ \m سۆز قىلغىنىمدىن كېيىن، يەنە مازاق قىلىۋېرىڭلار! \m \v 4 مېنىڭ شىكايىتىم بولسا، ئىنسانغا قارىتىلىۋاتامدۇ؟ \m روھىم قانداقمۇ بىتاقەت بولمىسۇن؟ \m \v 5 ماڭا ئوبدان قاراڭلارچۇ؟ سىلەر چوقۇم ھەيران قالىسىلەر، \m قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىۋالىسىلەر. \m \v 6 مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، \m پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ.\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ بۇنداق قورقۇپ كېتىشى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئايۇپ تاكى ئۆزىنى پالاكەت باسقانغا قەدەر خۇدانى ھەممىگە قادىر، پۈتۈنلەي ئادىل ھەم پۈتۈنلەي مېھرىبان دەپ ئىشىنىپ كەلگەنىدى. بىراق ئۇ ئەمدىلىكتە باشقا بىر قورقۇنچلۇق ئېھتىماللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. خۇدا راستتىنلا ئادالەتلىك، راستتىنلا ياخشىمۇ؟ جاھاندىكى بەزى ئەھۋاللار بۇنىڭغا تەتۈر گۇۋاھلىق بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. يامان ئادەملەر بېيىپ كىتىۋاتىدۇ، دۇرۇس ئادەملەر ئېزىلىۋاتىدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارغا پىسەنت قىلمامدۇ؟ ئۇ ئەسلىدە تەسەۋۋۇر قىلمىغان بۇ ئېھتىماللىقلار ئۇنى ھازىر ئىنتايىن قورقىتىۋاتاتتى.\f* \m \v 7 نېمىشقا يامانلار ياشىۋېرىدۇ، \m ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، \m ھەتتا زور كۈچ-ھوقۇقلۇق بولىدۇ؟\x + \xo 21:7 \xt زەب. 17‏:9-12؛ 73‏:12؛ يەر. 12‏:1؛ ھاب. 1‏:16\x* \m \v 8 ئۇلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا، \m پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ،\f □ \fr 21:8 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ \+bd*\+bdit ، يەنى يامانلارنىڭ\+bdit* نەسلى ئۆز ئالدىدا، پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ» ــ ئايۇپ زوفارنىڭ بايا قىلغان سۆزلىرىنى خۇلاسە قىلىپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ؛ يامانلار يوقالمايدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى «ئۆز بايلىقلىرىنى مىسكىنلەرگە قايتۇرىدۇ» ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆز ئالدىغا راۋاج تاپىدۇ.\f* \m \v 9 ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋەھىمىدىن ئامان تۇرىدۇ، \m تەڭرىنىڭ تايىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگمەيدۇ. \m \v 10 ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەنسە ئۇرۇقلىماي قالمايدۇ، \m ئىنىكى موزايلايدۇ، \m موزىيىنىمۇ تاشلىمايدۇ. \m \v 11 \add رەزىللەر\add* كىچىك بالىلىرىنى قوي پادىسىدەك تالاغا چىقىرىۋېرىدۇ، \m ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تاقلاپ-سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرىدۇ. \m \v 12 ئۇلار داپ ھەم چىلتارغا تەڭكەش قىلىدۇ، \m ئۇلار نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ. \m \v 13 ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، \m ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ.\f □ \fr 21:13 \ft \+bd «ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپ بۇنداق يامانلار ئۆمۈرۋايەت ئازادىلىكتە ياشىغاندىن كېيىن ھېچ ئازابلانماي، ھېچ جازالانماي دۇنيادىن كېتىدۇ، دەۋاتىدۇ. «ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار خاتىرجەملىكتە تەھتىساراغا چۈشىدۇ».\f* \m \v 14 ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، \m بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ،\x + \xo 21:14 \xt ئايۇپ 22‏:17\x* \m \v 15 ــ «ھەممىگە قادىرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەرزىگۈدەك نەرى باردۇ؟ \m ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق بىزگە نېمە پايدا بولسۇن؟!».\x + \xo 21:15 \xt مىس. 5‏:2؛ مال. 3‏:14\x* \m \v 16 قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟ \m بىراق يامانلارنىڭ نەسىھىتى مەندىن نېرى بولسۇن!\f □ \fr 21:16 \ft \+bd «قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ئاۋاتلىقى ئۆز قولى بىلەن كەلمەس» (ئاۋاتلىقى خۇدادىن كەلگەن، دېمەكچى).\f*  \x + \xo 21:16 \xt ئايۇپ 22‏:18\x* \m \v 17 يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟ \m ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟ \m \add خۇدا\add* غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟\x + \xo 21:17 \xt ئايۇپ 20‏:29؛ زەب. 11‏:5-6\x* \m \v 18 ئۇلار شامال ئالدىدىكى ئېڭىزغا ئوخشاش، \m قارا قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالغا ئوخشاشلا يوقامدۇ؟ \m \v 19 تەڭرى ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى بالىلىرىغا چۈشۈرۈشكە قالدۇرامدۇ؟ \m \add خۇدا\add* بۇ جازانى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن! \m \v 20 ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن؛ \m ئۆزى ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن!\f □ \fr 21:20 \ft \+bd «ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى ئىچسۇن!».\f* \m \v 21 چۈنكى ئۇنىڭ بېكىتىلگەن يىل-ئايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، \m ئۇ قانداقمۇ يەنە ئۆز ئۆيدىكىلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالالىسۇن؟ \m \v 22 تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، \m ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟!\f □ \fr 21:22 \ft \+bd «كاتتىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالىيلار». بەلكىم مۇشۇ يەردە پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟!»\+bd* ــ ئايۇپ ئۇلارنىڭ «يامانلار تېزلا جازالىنىدۇ» دېگەنلىرىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. بىراق ئۇ ھازىر: «سىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېلىشىڭلار «خۇدا بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئاڭلاپ ئاندىن بۇ ئىشلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك» دېگەنلىككە باراۋەر» دېمەكچى.\f*  \x + \xo 21:22 \xt يەش. 40‏:13؛ رىم. 11‏:34؛ 1كور. 2‏:16\x* \m \v 23 بىرسى ساق-سالامەت، پۈتۈنلەي غەم-ئەندىشسىز، ئازادىلىكتە يىللىرى توشقاندا ئۆلىدۇ؛ \m \v 24 بېقىنلىرى سۈت بىلەن سېمىز بولىدۇ، \m ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكى خېلى نەم تۇرىدۇ. \m \v 25 يەنە بىرسى بولسا ئاچچىق ئارماندا تۈگەپ كېتىدۇ؛ \m ئۇ ھېچقانداق راھەت-پاراغەت كۆرمىگەن. \m \v 26 ئۇلار بىلەن بىللە توپا-چاڭدا تەڭ ياتىدۇ، \m قۇرۇتلار ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.\x + \xo 21:26 \xt ئايۇپ 17‏:14\x* \b \m \v 27 ــ مانا، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، \m مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن.\f □ \fr 21:27 \ft \+bd «سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن»\+bd* ــ دوستلىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دارىتما گەپ؛ بىراق، خېلى روشەنكى، بۇ يەردە ئايۇپقا قارىتىپ ھۇجۇم قىلىنىدۇ.\f* \m \v 28 چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟ \m رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر.\f □ \fr 21:28 \ft \+bd «سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟» \+bd*\+bdit دەپ سوراۋاتىسىلەر\+bdit*» ــ ئۇلارنىڭ مۇشۇ «ئېسىلزادە» دېگىنى، شۈبھىسىزكى، ئايۇپنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سىلەر مەندىن: «.... رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر»\+bd* ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە يەنە: سىلەرنىڭ بۇ سوئاللىرىڭلار مېنى دارىتىپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن، دەۋاتىدۇ.\f* \m \v 29 سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟ \m ئۇلارنىڭ شۇ بايانلىرىغا كۆڭۈل قويمىدىڭلارمۇ؟\f □ \fr 21:29 \ft \+bd «سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟»\+bd* ــ زوفار: «ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر»، شۇنداقلا بۇ ئىش «يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى» ھەممە ئادەمگە ئايان ــ دېگەن. بىراق ئايۇپ يىراق يۇرتلارغا بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ بايانلىرى باشقىچە، دەيدۇ.\f* \m \v 30 \add دېمەك\add*، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، \m ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ \add دەيدۇ\add*.\x + \xo 21:30 \xt پەند. 16‏:4\x* \m \v 31 كىم \add رەزىلنىڭ\add* تۇتقان يولىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەيدۇ؟ \m كىم ئۇنىڭغا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى يېگۈزىدۇ؟ \m \v 32 ئەكسىچە، ئۇ ھەيۋەت بىلەن يەرلىكىگە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ، \m ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزەت ئاستىدا تۇرىدۇ. \m \v 33 جىلغىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق بىلىنىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ سانسىز ئادەملەر كەتكەندەك، \m ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بارلىق ئادەملەر ئەگىشىپ بارىدۇ. \m \v 34 سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ \m سىلەرنىڭ جاۋابلىرىڭلاردا پەقەت ساختىلىقلا تېپىلىدۇ! \f □ \fr 21:34 \ft \+bd «سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بايقىسۇنكى، ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى ئاۋۋال سەل ئېغىر-بېسىقراق سۆز قىلىدۇ، ئاندىن گەپ قىلغانسېرى ئاچچىق ھەم تەلۋەلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ ئايۇپ بولسا ئاۋۋال ئىنتايىن تەلۋىلەرچە ۋە جىددىيلىقتا سۆز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى بارغانسېرى تەمكىن بولىدۇ.\f* \b \b \m \c 22 \s1 ئېلىفاز يەنە سۆز قىلىدۇ: ــ •••• خاتا پەرەزلەر ــ ئايۇپقا قارىتىلغان ھۇجۇملار \m \v 1 ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ \m دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ \m \v 3 سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟ \m يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟\f □ \fr 22:3 \ft \+bd «... يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟»\+bd* ــ 1-باب، 8-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئايۇپتىن ئالغان رازىلىقى، خۇرسەنلىكى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنىدۇ. يەنە كېلىپ، تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش» دېگەن قىسمىدا بىز خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھللىرى تۈپەيلىدىن بولغان ئىنتايىن ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەردار بولىمىز. شۇڭا ئېلىفازنىڭ 2-ئايەت ۋە 3-ئايەتتىكى بۇ سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز لازىم.\f* \m \v 4 ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، \m ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟ \m \v 5 سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟ \m سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟ \m \v 6 سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛ \m سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن.\x + \xo 22:6 \xt مىس. 22‏:26 ،27؛ قان. 24‏:6 ،10-13\x* \m \v 7 ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ، \m ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ، \m \v 8 گەرچە سەن يەر-زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ، \m يەر-زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ، \m \v 9 سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن، \m يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن.\f □ \fr 22:9 \ft \+bd «سەن ... يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن»\+bd* ــ شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ئېلىفازنىڭ بۇ شىكايەتلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىزدۇر.\f* \m \v 10 مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ، \m ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ. \m \v 11 شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى، \m بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى. \m \v 12 تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ \m ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق! \m \v 13 بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ \m ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن. \m \v 14 يەنە: «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ، \m شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن. \m \v 15 يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟ \m \v 16 ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن، \m ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن.\f □ \fr 22:16 \ft \+bd «ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ...، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن»\+bd* ــ بۇ يەردە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە توپان ئېقىتىپ كەتكەن رەزىل ئادەملەر كۆرستىلگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول!» \m ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى.\x + \xo 22:17 \xt ئايۇپ 21‏:14\x* \m \v 18 بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، \m مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن!\f □ \fr 22:18 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر»\+bd* ــ ئېلىفاز مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ «يامانلار بەزىدە بېيىپ ئاۋاتلىشىدۇ» دېگەن پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئازراق قوبۇل قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا: «يامانلار تېز بەربات بولىدۇ» دەيدۇ.\f*  \x + \xo 22:18 \xt ئايۇپ 21‏:16\x* \m \v 19 ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ \m بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ــ \x + \xo 22:19 \xt زەب. 107‏:42\x* \m \v 20 «بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ، \m ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. \m \v 21 \add شۇڭا\add* خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ، \m شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ. \m \v 22 ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل، \m ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي.\f □ \fr 22:22 \ft \+bd « \+bd*\+bdit خۇدانىڭ\+bdit* ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل،...» ــ ئېلىفاز ئۆزىنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىنى «خۇدانىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەت» دەپ قارىسا كېرەك.\f* \m \v 23 سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى، \m قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛ \m ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،\x + \xo 22:23 \xt ئايۇپ 8‏:5، 6\x* \m \v 24 ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا-چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ، \m ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ،\f □ \fr 22:24 \ft \+bd «ئەگەر سەن ... ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ»\+bd* ــ ئېلىفاز بەلكىم ئايۇپنى ئالتۇنلارغا ئىنتايىن ئاچ كۆز ئادەم دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرگە پايدا يەتكۈزەلەيدىغىنى بىلەن، ئايۇپ ئاچ كۆز ئادەم بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم بەرمەيدۇ. \fp بۇ ئايەتتە دېيىلگەن «ئوفىردىكى ئالتۇن» ناھايىتى ئېسىل بىر خىل ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 25 ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ. \m سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ. \m \v 26 ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن، \m يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن. \m \v 27 سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، \m شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن. \m \v 28 سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، \m يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. \m \v 29 ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن، \m شۇنىڭ بىلەن \add خۇدا\add* چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ.\x + \xo 22:29 \xt پەند. 29‏:23\x* \m \v 30 ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، \m ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ. \f □ \fr 22:30 \ft \+bd «ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ»\+bd* ــ قىزىق ئىش شۇكى، ئېلىفازنىڭ ئۆزى ئاخىردا ئايۇپنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ (42-باب).\f* \b \b \m \c 23 \s1 ئايۇپ جاۋاب بېرىدۇ ــ ئىشەنچ-ئېتىقادنىڭ گۇمان بىلەن بولغان كۈرىشى \m \v 1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛ \m ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ-زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر!\f □ \fr 23:2 \ft \+bd «بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈگۈن» دېگەن سۆز ئايۇپنىڭ دوستلىرى بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرىنىڭ بىرنەچچە كۈن داۋاملاشقانلىقىغا ئىسپات بولىدۇ. \fp ئېلىفاز 22-باب، 29-ئايەتتە «خۇدا چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ» دېگەنىدى. ئايۇپ يەنە بۇ يەردە ئېلىفاز ئېيتقان «شىكايەت (ئەرز)» دېگەن سۆزىنى قەستەن ئىشلىتىپ ئۆزىنى «چىرايى سۇنغانلاردىن» ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 3 ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى، \m ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم! \m \v 4 شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم، \m ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم، \m \v 5 مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم، \m ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم. \m \v 6 ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟ \m ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى. \m \v 7 ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛ \m شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم. \m \v 8 ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ \m كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن.\f □ \fr 23:8 \ft \+bd «ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق مەن شەرققە ماڭىمەن، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ غەربكە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن».\f* \m \v 9 ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛ \m ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛\f □ \fr 23:9 \ft \+bd «ئۇ سول تەرەپتە ... ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن»\+bd* ــ ئايۇپ ئۆز ئەھۋالىدىن خۇدانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھېچقانداق ئىسپات كۆرەلمەيدۇ ۋە خۇدانىڭ ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن نېمىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.\f* \m \v 10 بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ \m ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن.\f □ \fr 23:10 \ft \+bd «بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) ئۆزىنىڭ ماڭا بولغان يولىنى بىلىدۇ». \fp شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ بۇنداق دېگىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ پارلاق بايانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز يەنىلا ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.\f* \m \v 11 مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ \m ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم.\x + \xo 23:11 \xt ئايۇپ 31‏:4-8\x* \m \v 12 مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛ \m مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم.\f □ \fr 23:12 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز نەپسىمدىن قىممەتلىك بىلىپ...».\f* \m \v 13 بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟ \m ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ.\x + \xo 23:13 \xt زەب. 33‏:9؛ 115‏:3؛ 135‏:6\x* \m \v 14 چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛ \m مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر. \m \v 15 شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛ \m بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن.\f □ \fr 23:15 \ft \+bd «بۇلارنى \+bd*\+bdit ، يەنى 14-ئايەتتىكى «مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار»نى\+bdit* ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن» ــ ئايۇپ ئەمدى نېمىشقا خۇدا ئالدىدا بىئارام بولۇپ، ئۆز ئىشلىرىنى ئويلىسا قورقۇپ كېتىدۇ؟ 14-ئايەتتە ئۇ خۇدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئىشلار (يەنى ئۇنىڭ ھازىر تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر) توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ: «ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان مۇشۇنداق ئىشلار باردۇر» دەيدۇ ــ دېمەك، ئۇ: «مېنىڭ ھازىرغىچە تارتقان ئازابلىرىمدىن يەنە نۇرغۇن «مۇشۇنداق ئىشلار» ئالدىمدا بارمىكىن؟» دەپ ئىنتايىن قىينىلىدۇ.\f* \m \v 16 چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان، \m ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ. \m \v 17 ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، \m ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم. \f □ \fr 23:17 \ft \+bd «ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ ئەسلى تەكىستىنى چۈشىنىش سەل تەس. يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مەن قاراڭغۇلۇق چۈشكەندە جاندىن ئۈزۈلمىگىنىم بىلەن، ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇقتىن قوغداپ قۇتقۇزمىغان».\f* \b \b \m \c 24 \s1 مىسكىنلىك ۋە جىنايەت \m \v 1 ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر \add سوراق\add* كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ \m نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟ \m \v 2 مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ \m ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى \add ئوچۇق-ئاشكارا\add* باقىدۇ؛\f □ \fr 24:2 \ft \+bd «مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ باب 1-12-ئايەتتىكى «ئادەملەر» بەلكىم چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان مىسكىن جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ (بولۇپمۇ 5-12-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). \+bd «...تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «تاشلارنى يۆتكەپ كېتىدۇ».\f*  \x + \xo 24:2 \xt قان. 19‏:14؛ 27‏:17؛ پەند. 22‏:28؛ 23‏:10\x* \m \v 3 ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ.\f □ \fr 24:3 \ft \+bd «ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ»\+bd* ــ بۇ كالىسى بەلكىم ھەم سۈت ئۈچۈن ھەم يەر ھەيدەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.\f* \m \v 4 ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ.\x + \xo 24:4 \xt پەند. 28‏:28\x* \m \v 5 مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، \m تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ \m جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ.\f □ \fr 24:5 \ft \+bd «ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك،...»\+bd* ــ بۇ يامان ئادەملەر شەھەر-يېزىلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولۇپ، دەشت-باياۋاندا جان بېقىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.\f* \m \v 6 ئۇلار ياماننىڭ \add كالىلىرى\add* ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، \m ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛\f □ \fr 24:6 \ft \+bd «ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ»\+bd* ــ روشەنكى، يەر ئىگىسى بولغان مۇشۇ رەزىل ئادەم بۇ «چۈپرەندىلەر»گە ئۆز ئاشلىق ھوسۇلىنى ئېلىشتا ياكى ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئۈزۈشتە ھېچ ئىشەنمەيدۇ.\f* \m \v 7 ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، \m سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر. \m \v 8 ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، \m پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ. \m \v 9 ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، \m ئۇلار مىسكىنلەردىن \add بوۋاقلارنى\add* كېپىللىككە ئالىدۇ.\f □ \fr 24:9 \ft \+bd «ئۇلار مىسكىنلەردىن بوۋاقلارنى كېپىللىككە ئالىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار مىسكىنلەردىن كېپىللىك ئالىدۇ».\f* \m \v 10 \add مىسكىنلەر بولسا\add* كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، \m باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛\x + \xo 24:10 \xt لاۋ. 19‏:13\x* \m \v 11 ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، \m ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، \m يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ.\x + \xo 24:11 \xt قان. 25‏:4؛ ياق. 5‏:4\x* \m \v 12 شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، \m قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ \m بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ.\f □ \fr 24:12 \ft \+bd «... بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ»\+bd* ــ كېيىن ئايۇپ بۇ سۆزىدىن ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا سۆزلىرىدىن توۋا قىلىپ: «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقىسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» دەپ سۆزىدىن يانىدۇ (42-باب). بىراق بۇ بابتىكى 1-12-ئايەتلەردىن روشەن چۈشىنىمىزكى، ئۇ مۇنداق كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغان ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ كۆڭۈل بۆلەتتى.\f* \m \v 13 ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ \m ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، \m ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ. \m \v 14 قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، \m كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ \m كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ.\f □ \fr 24:14 \ft \+bd «قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ»\+bd* ــ بەلكىم تاڭ سەھەردىكى غۇۋالىقتىن ھەم كىشىنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن زەربە قىلىپ بۇلاپ-تالايدۇ.\f*  \x + \xo 24:14 \xt زەب. 10‏:8، 9\x* \m \v 15 زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، \m باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ.\x + \xo 24:15 \xt زەب. 10‏:10-11؛ پەند. 7‏:9، 8\x* \m \v 16 قاراڭغۇلۇقتا \add ئوغرىلار\add* ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ \m كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ \m ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ.\x + \xo 24:16 \xt ئايۇپ 38‏:15؛ يـۇھ. 3‏:20\x* \m \v 17 ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ \m ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.\f □ \fr 24:17 \ft \+bd «ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «تاڭ سەھەر ئۇلار ئۈچۈن قاپ-قاراڭغۇلۇق بولىدۇ».\f* \m \v 18 ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! \m ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، \m شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن!\f □ \fr 24:18 \ft \+bd «ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن!»\+bd* ــ 18-20-ئايەتلەردىكى پېئىللارنى بۇيرۇق شەكلىدە ياكى كەلگۈسى زامان شەكلىدە تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا 18-20-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمايدۇ... قاتارلىق» بولىدۇ. بىراق بىز تەرجىمىمىزنى ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئالدۇق.\f* \m \v 19 قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ \m تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! \m \v 20 ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! \m قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! \m ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! \m شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن!\f □ \fr 24:20 \ft \+bd «قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن!»\+bd* ــ ياكى: «قۇرت ئۇنىڭ جورىسى بولسۇن!».\f* \m \v 21 ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، \m ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. \m \v 22 بىراق \add خۇدا\add* ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ \add كۈنىنى\add* ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.\f □ \fr 24:22 \ft \+bd «...ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 23 \add خۇدا\add* يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، \m شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 24:23 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يامانلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقىنى بىلەن ئۇلارنى ئالاھىدە جازالىمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنى ئادەتتىكىدەك ئۆلۈم كۈنىگە ساقلايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 24 ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، \m ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ \m ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ \m ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 24:24 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى يامانلار\+bdit* پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ» ــ ئايۇپ يەنىلا، يامانلارنىڭ ھېچ جازالانماي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئاندىن پىشقان سەرخىل بۇغدايدەك ھېچ ئازابلانماي بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 25 بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. \m مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟». \b \b \m \c 25 \s1 بىلداد يەنە سۆزلەيدۇ ــ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى \m \v 1 شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ \m ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ.\f □ \fr 25:2 \ft \+bd «ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ»\+bd* ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرى بەلكىم شەيتاننىڭ ئەسلىدە خۇداغا قارشىلىق قىلىپ ئەرشتە ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن خۇدانىڭ شەيتاننى ئەرشتىن ھەيدىۋېتىپ، ئەرشتىكى ئىشلارنى قايتىدىن تەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ \m ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟ \m \v 4 ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ \m ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟\x + \xo 25:4 \xt ئايۇپ 4‏:17، 18، 19؛ 15‏:14، 15، 16\x* \m \v 5 مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، \m يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە،\x + \xo 25:5 \xt ئايۇپ 15‏:15\x* \m \v 6 قۇرت بولغان ئىنسان، \m سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى \add ئۇنىڭ ئالدىدا\add* قانداق بولار؟». \f □ \fr 25:6 \ft \+bd «سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟»\+bd* ــ دوستلىرىنىڭ ئايۇپقا ئەڭ ئاخىرى بەرگەن جاۋابى بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدۇر. ئۇنىڭ بايانى بەك قىسقا بولۇپ، «يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى» توغرىسىدا گەپ قىلمايدۇ، پەقەتلا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ. قارىغاندا ئۇلار يەنىلا ئايۇپنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان سۆزلىرىگە جاۋاب تاپالمايدۇ.\f*  \x + \xo 25:6 \xt ئايۇپ 4‏:19؛ زەب. 22‏:6\x* \b \b \m \c 26 \s1 ئايۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ــ بىلدادنى ئەيىبلەش \m \v 1 ئايۇپ \add بىلدادقا\add* جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ! \m بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ! \m \v 3 ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ! \m ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ! \m \v 4 سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟ \m سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟ \b \m \s1 خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئايۇپنىڭ بايانى \m \v 5 ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر، \m شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛ \m \v 6 بەرھەق، \add خۇدانىڭ\add* ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، \m ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر.\x + \xo 26:6 \xt زەب. 139‏:8، 11، 12؛ پەند. 15‏:11؛ ئىبر. 4‏:13\x* \m \v 7 ئۇ \add يەرنىڭ\add* شىمالىي \add قۇتۇپىنى\add* ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، \m ئۇ يەر \add شارىنى\add* بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛\f □ \fr 26:7 \ft \+bd «ئۇ يەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇ شىمالىي تەرەپلەر ئالەم بوشلۇقىدا سوزغان». بۇ ئىبارىنىڭ يەرنىڭ شىمالىنى ئەمەس، بەلكى ئاسماننىڭ شىمالىدىكى تەرەپلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىنچىلىكىمۇ بار. \+bd «يەر شارى»\+bd* ــ ئەينى تېكىستتە «يەر». بىراق خېلى روشەنكى، ئايۇپ يەر-زېمىننىڭ مۇتلەق ئايرىم تۇرىدىغان بىر جىسىم ئىكەنلىكىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.\f*  \x + \xo 26:7 \xt زەب. 104‏:2 \x* \m \v 8 ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ، \m بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. \m \v 9 ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، \m ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ.\f □ \fr 26:9 \ft \+bd «ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ تەختى بولغان ئەرشنىڭ يۈزىنى ياپىدۇ».\f*  \x + \xo 26:9 \xt ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2، 3\x* \m \v 10 ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان، \m بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن.\f □ \fr 26:10 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن»\+bd* ــ ئىلىم-پەن جەھەتتىنمۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ توپ-توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.\f*  \x + \xo 26:10 \xt يار. 1‏:9؛ ئايۇپ 38‏:8؛ زەب. 33‏:7؛ 104‏:5-9؛ پەند. 8‏:29؛ يەر. 5‏:22\x* \m \v 11 ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، \m ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. \m \v 12 ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛ \m ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە-پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ.\f □ \fr 26:12 \ft \+bd «ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ»\+bd* ــ «تىنچلاندۇرىدۇ» دېگەننىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «تىنچلاندۇرىدۇ» ياكى «دولقۇنلىتىدۇ». بىراق «دولقۇنلىتىدۇ» بولسا كېيىنكى ئايەت بىلەن ماسلاشمايدۇ. \+bd «راھاب»\+bd* ــ «راھاب»نىڭ ئۈچ خىل مەنىسى بار. 9-باب، 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، دېڭىزدىكى ئاشۇ زور، قورقۇنچلۇق ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شەيتاننىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر. بۇ ئايەت بەلكىم شەيتاننىڭ دەسلەپتە خۇداغا قارشىلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن خۇدانىڭ ئۇنى ئەرشتىن ھەيدەپ دېڭىزغا تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى بىتچىت قىلىۋېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت قىلىدۇ. 13-ئايەتنى ھەم ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 26:12 \xt يەش. 51‏:15\x* \m \v 13 ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن، \m ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ. \f □ \fr 26:13 \ft \+bd «تېز قاچقان»\+bd* ــ ياكى «يورغىلىما». \+bd «تېز قاچقان ئەجدىھا»\+bd* ــ بەلكىم يۇقىرىقى «لېۋىئاتان»نى (9-ئىزاھاتنى كۆرۈڭ) ياكى شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى مەنىسى توغرا بولسا، بۇ تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» 3-بابتىكى بېشارەت بىلەن ئوخشايدۇ. دېمەك، ئاخىردا خۇدا ئۆز مەسىھى ئارقىلىق شەيتاننى پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلىدۇ. \fp بەزى ئالىملار: «ئۇ ئۆز قولى بىلەن «ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى»نى ياسىغان» دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 26:13 \xt زەب. 33‏:6\x* \m \v 14 مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛ \m ئۇنىڭ سۆز-كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس! \m ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!». \f □ \fr 26:14 \ft \+bd «بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ يوللىرىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بۇرجىكى، خالاس». \+bd «ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستى خۇدا ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە ئالىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىراق ئايۇپ ئۈچۈن (گۇمانلىق نۇقتىئىنەزەردىن ئەمەس، ئېتىقادنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن سۆزلىگەن ۋاقىتلاردا) خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ئىنساننى پاكلاپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن شادلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 27 \s1 ئايۇپنىڭ قايتىدىن ئۆز ھەق-سەمىمىيلىكىنى بايان قىلىشى \m \v 1 ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، \m جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،\f □ \fr 27:2 \ft \+bd «مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن...»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ مۇشۇ يەردە «(خۇدا) مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان» دېگىنى بەلكىم خۇدانىڭ ھېچ سەۋەبنى كۆرسەتمەي ئۇنى جازالاپ، ئۇنىڭدىن «ئادالەتكە بولغان ھەققى»نى ياكى ئۇنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «دەۋالىشىش» پۇرسىتىنى «تارتىۋالغان»لىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 تېنىمدە نەپەس بولسىلا، \m تەڭرىنىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا، \m \v 4 لەۋلىرىمدىن ھەققانىيسىز سۆزلەر چىقمايدۇ، \m تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ!\f □ \fr 27:4 \ft \+bd «مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ... لەۋلىرىم... تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ!»\+bd* ــ بۇ قەسەم (2-4-ئايەت) بەلكىم پۈتكۈل مۇقەددەس كىتاب ئىچىدە ئەڭ ئاجايىب، ئەڭ غەلىتە قەسەم ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئۇ خۇدا ھەققىمنى تارتىۋالغان ھەم جېنىمنى ئاغرىتقان دېگىنى بىلەن، يەنىلا خۇدانىڭ ھەققىدە قەسەم ئىچىدۇ. كۆرۈنۈشتە چوڭ زىددىيەت باردەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ تېگىدە ئۇنىڭ چوڭقۇر ئېتىقادى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.\f* \m \v 5 سىلەرنىڭكىنى توغرا دېيىش مەندىن يىراق تۇرسۇن! \m جېنىم چىققانغا قەدەر دۇرۇسلۇقۇمنى ئۆزۈمدىن ئايرىمايمەن! \m \v 6 ئادىللىقىمنى چىڭ تۇتۇۋېرىمەن، ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن، \m ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن!\f □ \fr 27:6 \ft \+bd «... ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن!»\+bd* ــ 5- ھەم 6-ئايەتتىكى بايانلارنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ بىرىنچىدىن، مەيلى يامانلارنىڭ يوللىرى ئاۋاتلاشقان بولسىمۇ، ئايۇپ دۇرۇس، دىيانەتلىك بولۇشقا ئىنتىلىشىنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ قارىشىچە «ھەممە گۇناھىنى خۇداغا ئېتىراپ قىلىپ توۋا قىلىش بىلەن ئۆز ۋىجدانىمغا خىلاپلىق ھېچ ئىش قالمىدى؛ ئەگەر شۇنداق قىلمىغان بولسام، يالغان ئېيتاتتىم» دېگەن ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ.\f* \m \v 7 مېنىڭ دۈشمىنىم رەزىللەرگە ئوخشاش بولسۇن، \m ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن.\f □ \fr 27:7 \ft \+bd «ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن»\+bd* ــ ئايۇپ «مېنى ھەققانىيسىز دېگۈچىلەر (خۇدا ئادىل بولسا) ئۆزلىرى ھەققانىيسىز دەپ قارىلىشى كېرەك» دەپ تىلەيدۇ. كونا قانۇنلارغا ئاساسەن، بىرسى باشقا بىراۋغا يالغاندىن جىنايەت چاپلىسا، يالغانلىقى ئىسپاتلىنىشى بىلەن ئۇ دەل شۇ جىنايەتكە تېگىشلىك جازا بىلەن جازالىنىشى كېرەك ئىدى. خۇدا ئايۇپنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىسا، ئۈچ دوستىنىڭ گۇناھى بار دېگەنلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز ھەم ئۇنىڭ بىر تىلىكى ھەم دوستلىرىغا بولغان سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ قالىدۇ.\f* \m \v 8 چۈنكى تەڭرى ئىپلاس ئادەمنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، \m ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا، \m ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟\x + \xo 27:8 \xt مات. 16‏:26؛ لۇقا 12‏:20\x* \m \v 9 بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە، \m تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟\x + \xo 27:9 \xt ئايۇپ 35‏:12؛ زەب. 18‏:41؛ 66‏:18؛ 109‏:7؛ پەند. 1‏:28؛ 28‏:9؛ يەش. 1‏:15؛ 16‏:12؛ يەر. 14‏:12؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 3‏:4؛ يـۇھ. 9‏:31؛ ياق. 4‏:3\x* \m \v 10 ئۇ ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ \m ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟\f □ \fr 27:10 \ft \+bd «\+bd*\+bdit رەزىل ئادەم\+bdit* ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟» ــ ئايۇپقا نىسبەتەن خۇدانىڭ ئۇنىڭ قېشىدا ھازىر بولغانلىقى، ئۇنىڭ خۇدا بىلەن ئالاقىدە بولۇشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك ئىشتۇر. بۇ بايانىدا ئۇ يامانلاردا ئۇنداق خۇشاللىقنىڭ يوقلۇقىنى، مۇنداقلارنىڭ خۇداغا ئىلتىجا قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇكى، ئايۇپ نۇرغۇن قېتىم خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ سۆزلەيدۇ، باشقىلارغا سۆز قىلىشتىن توختاپ تۇرۇپ خۇداغا بىۋاسىتە گەپ قىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۈچ دوستى (ھەم ئاخىرىدا سۆزلىگەن ئېلىخۇ) بىر قېتىممۇ خۇداغا بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ.\f* \m \v 11 مەن تەڭرىنىڭ قولىنىڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرەي؛ \m ھەممىگە قادىردا نېمە بارلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيمەن. \m \v 12 مانا سىلەر ئاللىبۇرۇن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭلار؛ \m سىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق پۈتۈنلەي قۇرۇق خىياللىق بولۇپ قالدىڭلار؟ \m \v 13 رەزىل ئادەملەرنىڭ تەڭرى بېكىتكەن ئاقىۋىتى شۇنداقكى، \m زوراۋانلارنىڭ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان نېسىۋىسى شۇنداقكى: ــ \x + \xo 27:13 \xt ئايۇپ 20‏:29\x* \m \v 14 ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ \m ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ.\f □ \fr 27:14 \ft \+bd « \+bd*\+bdit رەزىل ئادەمنىڭ\+bdit* بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ» ــ ئايۇپنىڭ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسۋىرلىگەن ھەم شۇنداقلا دوستلىرىنىڭ سۆزىگە سەل قوشۇلغاندەك پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن بۇ بايانى ئۇنىڭ بايانلىرى ئىچىدە چۈشىنىشكە ئەڭ تەس بولغان بايانلاردۇر. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئېنىق بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى دېگەنلىرىگە قارىمۇقارشى بولۇپ چىقىدۇ. ئىلگىرى ئۇ: «يامانلار جازالانماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ رەزىللەر ھېچ جازالانماي مىسكىنلەرنى خالىغانچە ئېزىدۇ؟ بەزىدە يامانلار پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ، بىراق گۇناھسىزلارمۇ ئوخشاشلا ئۇچرايدۇ؛ ھېچقانداق تەرتىپنى بايقىغىلى بولمايدۇ» ــ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغانىدى. مانا بۇ بايانلاردا «ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ...» دېگەن سۆزلەر ئېيتىلىدۇ. بۇ زادى قانداق گەپ؟ بىز بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن شۇنداق قارايمىزكى، ئايۇپنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىشتىكى جۈرئىتى مۇشۇ يەردە ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن سەل ئاجىزلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ئىش توغرۇلۇق يەنە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 27:14 \xt قان. 28‏:41؛ ھوش. 9‏:13\x* \m \v 15 ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ، \m بۇنىڭ بىلەن قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ.\f □ \fr 27:15 \ft \+bd «قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ»\+bd* ــ «ئۆلۈم» مۇشۇ يەردە بەلكىم بىرخىل ۋابا ياكى بىرخىل ئېغىر كېسەلنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ھېچقانداق داغدۇغىسىز تېزدىن دەپنە قىلىنىدۇ. بەلكىم يۇقۇملۇق كېسەل ياكى ۋابا بىلەن ئۆلگەن بولسا كېرەك. \+bd «...قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ»\+bd* ــ بەلكىم بالايىئاپەت ئۇلارغا يېقىنلىشىشى بىلەن ياكى ئوخشاش سەۋەب بىلەن رەسمىي ماتەم تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. \fp بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايۇپنىڭ پەقەت بىر ئايالى بار ئىدى ھەم «بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق» بولۇشنى قۇۋۋەتلىگەن (29-بابنىمۇ كۆرۈڭ). ئۇنىڭ دېيىشىچە، يامانلار كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 27:15 \xt زەب. 78‏:64\x* \m \v 16 ئۇ كۈمۈشلەرنى توپا-چاڭدەك يىغىپ دۆۋىلىسىمۇ، \m كىيىم-كېچەكلەرنى لايدەك كۆپ يىغسىمۇ، \m \v 17 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىسىمۇ، \m بىراق كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ؛ \m بىگۇناھلارمۇ كۈمۈشلەرنى بۆلۈشىدۇ.\x + \xo 27:17 \xt پەند. 28‏:8؛ توپ. 2‏:26\x* \m \v 18 ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك، \m ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ. \m \v 19 ئۇ باي بولۇپ يېتىپ دەم ئالغىنى بىلەن، \m بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىدۇكى، \m كۆزىنى ئاچقاندا، ئەمدى تۈگەشتىم دەيدۇ.\x + \xo 27:19 \xt زەب. 49‏:16-20\x* \m \v 20 ۋەھىمىلەر كەلكۈندەك بېشىغا كېلىدۇ؛ \m كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ.\f □ \fr 27:20 \ft \+bd «كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ «قارا قۇيۇن»نى تىلغا ئېلىشى شۇنداق بىر قارا قۇيۇننىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى پۇرىتىدۇ. 38-بابتا بۇ قارا قۇيۇن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.\f*  \x + \xo 27:20 \xt ئايۇپ 15‏:21؛ 18‏:11\x* \m \v 21 شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛ \m شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ.\f □ \fr 27:21 \ft \+bd «شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ پەلەستىندە «شەرق شامىلى» ئەۋجىگە چىققان ۋاقتىدا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، ئەشەددىي بولۇپ پۈتۈن دەرەخلەرنىمۇ يۇلۇپ يىراقلارغا تاشلىۋېتەلەيدۇ.\f* \m \v 22 بوران ئۇنى ھېچ ئايىماي، بېشىغا ئۇرۇلىدۇ؛ \m ئۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئۇرۇنىدۇ؛ \m \v 23 بىراق \add شامال\add* ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ، \m ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ».\f □ \fr 27:23 \ft \+bd «بىراق شامال ... ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ»\+bd* ــ «ئۇش-ئۇش قىلىش» مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \b \m \c 28 \s1 دانالىقنى ئىزدەش \m \v 1 ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، \m ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛\f □ \fr 28:1 \ft \+bd «ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر»\+bd* ــ ياكى «ئالتۇننىڭ چايقىلىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر». \fp دانالىق تەۋسىيە قىلىنغان 28-بابتىكى بۇ گۈزەل شېئىرنى بەزى ئالىملار ئايۇپنىڭ ئۆز سۆزى ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ يازغۇچىسى تېكىستكە قىستۇرۇپ قوشقان بىر شېئىر، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ هەقىقىي دانالىقنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بولسۇن دېگەن سۈپەتتە شېئىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ پىكىرگە قايىل بولدۇق. بۇنىڭغا بىر ئىسپات، 29-باب: «ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ، قارىغاندا 23:27-ئايەت بىلەن باغلىق. \fp باشقا ئالىملار بۇ بايانلار ئايۇپنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان بايانلاردۇر، «1-ئايەتتىكى «شۈبھىسىزكى» ياكى «چۈنكى») دېگەن باغلىغۇچى بىلەن باشلىنىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. \fp قايسى پىكىر توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ باپتىكى ھەقىقەتلەر شۈبھىسىزكى ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم مۇيەسسەر بولغان ۋەھىلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى. \fp كېيىن بىز مەزكۇر كىتابنى چازغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىمىز.\f* \m \v 2 تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، \m مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ. \m \v 3 ئىنسانلار \add يەر ئاستىدىكى\add* قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ \m ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، \m قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ.\f □ \fr 28:3 \ft \+bd «ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئىنسانلار ياقۇتلارنى ئىزدەشتە يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقنى چىراغلار بىلەن يورۇتىدۇ؛ 4-5-ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ئارغامچىلارغا ئېسىلىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.\f* \m \v 4 ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ \m مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، \m كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. \m \v 5 ئاشلىق چىقىدىغان يەر، \m تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛ \m \v 6 يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، \m ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر. \m \v 7 ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، \m ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن. \m \v 8 ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، \m ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان. \m \v 9 ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، \m ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. \m \v 10 تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ \m شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛\f □ \fr 28:10 \ft \+bd «تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ»\+bd* ــ بۇ قاناللار بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇنى تونىللاردىن چىقىرىش ئۈچۈن كولانغان.\f* \m \v 11 يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ \m يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ.\f □ \fr 28:11 \ft \+bd «يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئېقىنلارنىڭ مەنبىلىرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ».\f* \m \v 12 بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ \m يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ \m \v 13 ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، \m ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس. \m \v 14 \add يەر\add* تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، \m دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ.\x + \xo 28:14 \xt ئايۇپ 28‏:22\x* \m \v 15 دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، \m كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس.\x + \xo 28:15 \xt پەند. 3‏:14؛ 8‏:11، 19؛ 16‏:16\x* \m \v 16 ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ.\f □ \fr 28:16 \ft \+bd «ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن»\+bd* ــ ئوفىر دېگەن يەردىكى ئالتۇن ناھايىتى ساپ ئىدى.\f* \m \v 17 ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، \m ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس. \m \v 18 ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ \m دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر. \m \v 19 ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، \m سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. \m \v 20 ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ \m يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟\x + \xo 28:20 \xt ئايۇپ 28‏:12\x* \m \v 21 چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، \m ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ. \m \v 22 ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ.\x + \xo 28:22 \xt ئايۇپ 28‏:14\x* \m \v 23 ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، \m تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر. \m \v 24 چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، \m ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. \m \v 25 ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، \m \add دۇنيانىڭ\add* سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە،\x + \xo 28:25 \xt پەند. 8‏:29\x* \m \v 26 يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، \m گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە، \m \v 27 ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ \m ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ \m شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ،\f □ \fr 28:27 \ft \+bd «ئۇ چاغدا \+bd*\+bdit خۇدا\+bdit* دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم خۇدانىڭ دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ئارقىلىق دانالىقنى بايان قىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 28 ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ \m يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». \f □ \fr 28:28 \ft \+bd «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر»\+bd* ــ بۇ بابتىكى سۆزلەر ئىنسان بالىلىرىنىڭ يەر ئاستىدا ئېسىل تاشلارنى ئىزدىشىنى تەنقىد قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشتا ئىشلەتكەن پاراسىتىگە ھەم جۈرئىتىگە قايىل بولغان. بىراق مەيلى ئادەمنىڭ قانچە پاراسىتى، قانچە جۈرئىتى بولسۇن، ئۆزىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىگىلا تايانسا دانالىققا ئېرىشمەيدۇ؛ پەقەتلا رەب پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشكە باشلىسىلا، دانالىققا ئېرىشىشكىمۇ باشلايدۇ؛ يامانلىقتىن توۋا قىلىپ يىراقلاشسىلا، يورۇتۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم ئۇ مۇيەسسەر بولغان ۋەھىيلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى.\f*  \x + \xo 28:28 \xt زەب. 111‏:10؛ پەند. 1‏:7؛ 9‏:10\x* \b \b \m \c 29 \s1 ئىلگىرىكى بەختلىك كۈنلەرنى ئەسلەش \m \v 1 ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى، \m تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى!\f □ \fr 29:2 \ft \+bd «ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى!»\+bd* ــ بۇ بايانغا قارىغاندا، ئايۇپنى بالايىئاپەت باسقانلىقىغا بىرنەچچە ئاي بولغانىدى.\f* \m \v 3 ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان، \m ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم! \m \v 4 بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا، \m يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش \add دوست\add* بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى!\f □ \fr 29:4 \ft \+bd «... قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش دوست بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى!»\+bd* ــ ئېنىق تۇرۇپتۇكى، ئايۇپ ئەسلى خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇقتا ئۆتكەنىدى. ھېچقانداق گۇمانىمىز يوقكى، بۇ دوستلۇقنىڭ سېزىمىدىن مەھرۇم بولۇش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق ئىش بولدى.\f* \m \v 5 ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان، \m مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛ \m \v 6 مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛ \m يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛\f □ \fr 29:6 \ft \+bd «... يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگىنى ئايۇپنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن باي ھالىنى تەسۋىرلەيدۇ.\f* \m \v 7 شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، \m كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا،\f □ \fr 29:7 \ft \+bd «كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا»\+bd* ــ شەھەرنىڭ (چوڭ) دەرۋازىسى ياكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەيدان بولسا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم قازىلىرى يىغىلىدىغان، دەۋالارنى ئاڭلايدىغان جاي ئىدى.\f* \m \v 8 ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى، \m قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى، \m \v 9 شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ، \m قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى. \m \v 10 ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ، \m تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى. \m \v 11 قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى، \m كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. \m \v 12 چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، \m پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم.\x + \xo 29:12 \xt زەب. 72‏:12-14؛ پەند. 21‏:13\x* \m \v 13 ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛ \m مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم. \m \v 14 مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم، \m ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى. \m ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان.\x + \xo 29:14 \xt يەش. 59‏:17؛ ئ‍ەف. 6‏:10-17؛ 1تېس. 5‏:8\x* \m \v 15 مەن كورغا كۆز بولاتتىم، \m توكۇرغا پۇت بولاتتىم. \m \v 16 يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم، \m ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم.\f □ \fr 29:16 \ft \+bd «ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ بۇ ئادىتى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان پەزىلەت بولۇپ، ئايۇپنىڭ ئىنتايىن ئالىيجاناب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىشلىرى تۈپەيلىدىنمۇ نۇرغۇن دۈشمەنلىرى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، \m ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم.\f □ \fr 29:17 \ft \+bd «مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ پەزىلىتى ھەرگىز خىيالپەرەسلەرنىڭ چىرايلىق نەزەرىيىلىرى ئەمەس.\f* \m \v 18 ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ، \m ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛ \m \v 19 ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ، \m شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛ \m \v 20 شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، \m قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم.\f □ \fr 29:20 \ft \+bd «قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم»\+bd* ــ «ئوقيا» مۇشۇ يەردە بەلكىم ئادىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئۆز باتۇرلىقىنىڭ، جۈرئىتىنىڭ سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 21 ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛ \m نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى. \m \v 22 مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى، \m سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى. \m \v 23 ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى، \m كىشىلەر \add ۋاقتىدا ياغقان\add* «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى!\f □ \fr 29:23 \ft \+bd «كېيىنكى يامغۇر»\+bd* ــ پەلەستىندە 3-ئايدا ياغىدۇ. ئۇ ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ.\f* \m \v 24 ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، \m يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى.\f □ \fr 29:24 \ft \+bd «ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى»\+bd* ــ ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. بەلكىم ئۇنىڭ مەنىسى: «مېنىڭ ئۇلارغا ئۈمىد يەتكۈزىدىغان يۈزۈمنىڭ نۇرى مەغلۇپ بولغان ئەمەس» ــ دېمەك، مەن ئۇلارغا بەرگەن ئۈمىد يوققا چىققان ئەمەس، دېمەكچى. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ يۈز نۇرۇم ئۇلارغا چېچىلىشى بىلەنلا ئۇلار قايتا ئۈمىدسىزلەنمىدى». ئىككى خىل تەرجىمىنىڭ مەنىسى بىر-بىرىگە يېقىن. باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 25 مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم، \m ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم، \m قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، \m بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم». \f □ \fr 29:25 \ft \+bd «مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ئۇلارغا ھاكىم بولۇشقا تاللانغانىدىم؛ ...». \+bd «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ... قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم»\+bd* ــ گەرچە ئۇنىڭ مەرتىۋىسى بەك يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇ ھېچقاچان ھاكاۋۇرلۇق قىلمىغانىدى، ئەكسىچە پېشكەللىككە ئۇچرىغىچىلارغا تەسەللى ھەم ياردەملەرنى بېرىپ تۇراتتى.\f* \b \b \m \c 30 \s1 ھازىرقى بەختسىز كۈنلەر \m \v 1 ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، \m ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم. \m \v 2 ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، \m قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟ \m \v 3 يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، \m ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ. \m \v 4 ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، \m شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ. \m \v 5 ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، \m كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، \m تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. \m \v 7 چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، \m تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛ \m \v 8 نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، \m ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن. \m \v 9 مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، \m ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم!\x + \xo 30:9 \xt ئايۇپ 17‏:6؛ زەب. 69‏:11-12؛ يىغ. 3‏:14، 63\x* \m \v 10 ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، \m مەندىن يىراق تۇرۇپ، \m يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ.\x + \xo 30:10 \xt ئايۇپ 19‏:19\x* \m \v 11 چۈنكى \add خۇدا\add* مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، \m شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن. \m \v 12 ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، \m ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، \m ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛\f □ \fr 30:12 \ft \+bd «ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ...»\+bd* ــ بۇ ياشلار بەلكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن مىسكىنلەردىن باشقا بىر توپ كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 13 ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، \m ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. \m \v 14 ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ \m ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ.\f □ \fr 30:14 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى ئاشۇ ياشلار\+bdit* سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ... چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ» ــ ئەگەر (بىز 2-بابتا ئىزاھات قىلغىنىمىزدەك) ئايۇپ شەھەر سىرتىدىكى چوڭ كۈل دۆۋىسىدە ئولتۇرغان بولسا، ئۇ مۇنداق ياشلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن ھېچ قوغدىغۇچىسىز قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياشلار بەلكىم ئۇنىڭ ھازىرقى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ ئەسلىدە بىر تەرەپ قىلغان ئىشلارنى ھازىر ئۆز مەنپەئىتىگە بۇرايدۇ.\f* \m \v 15 ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ \m شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، \m ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى. \m \v 16 ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ \m ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى. \m \v 17 كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ \m ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ. \m \v 18 \add ئاغرىقلار\add* زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ \m ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى.\f □ \fr 30:18 \ft \+bd «ئاغرىقلار زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ــ «زور كۈچ بىلەن كىيىم-كېچىكىم ماكچىيىپ كەتتى؛ ماڭا كۆڭلەكنىڭ ياقىسى چاپلىشىپ كەتتى»، ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. يەنە باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) زور كۈچ بىلەن كىيىم-كېچىكىمنى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ ماڭا كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسى چاپلاشقاندەك مېنى باغلاپ قويدى».\f* \m \v 19 خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، \m مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم. \m \v 20 مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، \m بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ \m مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن. \m \v 21 سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ \m قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛ \m \v 22 سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ \m بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن.\f □ \fr 30:22 \ft \+bd «سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن»\+bd* ــ ئويلايمىزكى، قارا قۇيۇن ئاستا-ئاستا ئۇلارغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.\f* \m \v 23 چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، \m يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن.\x + \xo 30:23 \xt ئىبر. 9‏:27\x* \m \v 24 ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، \m ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛\f □ \fr 30:24 \ft \+bd «ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق»\+bd* ــ بۇ جۈملىنى ئۈچ خىل تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بىرىنچىسى، يۇقىرىقى تەرجىمە. ئىككىنچىسى بولسا، «شۈبھىسىزكى ئادەم دەرد-ئەلەمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىدە، ۋەيران قىلىنغان كىشىگە كىم قول تەگكۈزۈپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟». ئۈچىنچى خىل تەرجىمىسى «ئادەم يىقىلىپ كېتىۋاتقىنىدا قولىنى مىدىرلىتىپ قويمامدۇ؟ ئۇ ھالاك بولاي دېگىنىدە نالە-پەرياد كۆتۈرۈشكە بولمامدۇ؟». ئەسلى ئىبرانىيچە تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس.\f* \m \v 25 مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ \add دۇئا قىلغان\add* ئەمەسمۇ؟ \m نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟\f □ \fr 30:25 \ft \+bd «مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ دۇئا قىلغان ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟»\+bd* ــ ئەمدى كىم ئايۇپ ئۈچۈن يىغلايدۇ؟ نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورىسەن، دېگەن گەپ توغرىمۇ؟\f*  \x + \xo 30:25 \xt زەب. 35‏:13،14؛ رىم. 12‏:15\x* \m \v 26 مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ \m نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى. \m \v 27 ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ \m ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى.\f □ \fr 30:27 \ft \+bd «ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى»\+bd* ــ ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ ئۈمىد قالمىغاندەك قىلاتتى.\f* \m \v 28 مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ \m خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن.\f □ \fr 30:28 \ft \+bd «مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن»\+bd* ــ بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) ئايۇپنىڭ تېنى كېسەلدىن قارىداپ كەتتى؛ (2) ئۇ ئۆزى ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ قارا كىيىم كىيگەن. بۇ ئىككى ئەھۋال تەڭ بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 29 مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، \m ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم.\f □ \fr 30:29 \ft \+bd «ھۇۋقۇشلارنىڭ...»\+bd* ــ ياكى «تۆگىقۇشلارنىڭ...». \+bd «مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم»\+bd* ــ چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار چۆل-باياۋانلاردا ئايۇپتەك يىگانە ياشايدۇ؛ ئىككىلىسى ئايۇپتەك ناھايىتى مۇڭلۇق نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 30:29 \xt ئايۇپ 17‏:14؛ زەب. 102‏:6؛ مىك. 1‏:8\x* \m \v 30 تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، \m سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ. \x + \xo 30:30 \xt زەب. 119‏:83؛ يىغ. 4‏:8؛ 5‏:10\x* \m \v 31 چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ، \m نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى». \f □ \fr 30:31 \ft \+bd «نېيىمنىڭ...»\+bd* ــ يەنى، «مېنىڭ «نەي»ىمنىڭ...»\f* \b \b \m \c 31 \s1 ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىش \m \v 1 «مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ \m شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟\f □ \fr 31:1 \ft \+bd «مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟»\+bd* ــ مانا بىز بۇ يەردىن ئايۇپنىڭ ئۆزىنىڭ بىردىن بىر ھەمرىيى بولغان ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ ئۆز ئايالىغا پەقەت سىرتتىن قارىغاندىلا ئەمەس، بەلكى چىن يۈرىكىدىن ساداقەتمەن ئىدى. ئۇ بۇ بابتا نىشان قىلغان پەزىلەت، مەسىھ ئەيسا ئىنجىلدا تەلەپ قىلغان پەزىلەتكە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ (يەنى، ئادەمنىڭ قەلب-ئويلىرىنى باشقۇرىدىغان ھەققانىيلىق ھەم مېھىر-مۇھەببەت). ئىنجىل، «ماتتا» 5-7-بابنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟ \m ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟ \m \v 3 بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟ \m قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟ \m \v 4 ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ \m ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟\x + \xo 31:4 \xt 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ 15‏:3؛ يەر. 32‏:19\x* \m \v 5 ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! \m ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا، \m \v 6 (مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! \m ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!) \m \v 7 ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، \m ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا، \m \v 8 ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن! \m بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن!\f □ \fr 31:8 \ft \+bd «بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن!»\+bd* ــ «بىخلىرىم» دېگەن سۆزنىڭ «بالىلىرىم» دېگەن كۆچمە مەنىسىمۇ بار.\f* \m \v 9 ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا، \m شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام،\x + \xo 31:9 \xt ئايۇپ 24‏:15؛ پەند. 7‏:25\x* \m \v 10 ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن، \m باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن.\f □ \fr 31:10 \ft \+bd «ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئايالىم باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولسۇن».\f* \m \v 11 چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛ \m ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر. \m \v 12 \add بۇ گۇناھ\add* بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛ \m ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى. \m \v 13 ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا، \m ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام، \m \v 14 ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟ \m ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە، \m مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟\x + \xo 31:14 \xt زەب. 44‏:20-21\x* \m \v 15 مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. \m مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟\x + \xo 31:15 \xt ئايۇپ 34‏:19؛ پەند. 14‏:31؛ 17‏:5\x* \m \v 16 ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام، \m ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام، \m \v 17 ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام، \m ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام \m \v 18 (ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى، \m ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)، \m \v 19 ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە، \m ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام، \m \v 20 ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى \add كىيىمسىز قېلىپ\add* ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا، \m ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا، \m \v 21 ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «\add ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا\add* مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ، \m يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام، \m \v 22 ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن! \m بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن! \m \v 23 چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى، \m ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم. \m \v 24 ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام، \m ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام،\x + \xo 31:24 \xt مار. 10‏:24؛ 1تىم. 6‏:17\x* \m \v 25 ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، \m ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام،\x + \xo 31:25 \xt زەب. 62‏:10\x* \m \v 26 ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ، \m ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ،\x + \xo 31:26 \xt قان. 4‏:19\x* \m \v 27 كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا، \m شۇنداقلا \add بۇلارغا چوقۇنۇپ\add* ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا، \m \v 28 بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى، \m چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم. \m \v 29 ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام، \m بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ \x + \xo 31:29 \xt پەند. 17‏:5\x* \m \v 30 (ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن)\x + \xo 31:30 \xt مات. 5‏:44؛ رىم. 12‏:14\x* \m \v 31 ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا،\f □ \fr 31:31 \ft \+bd «ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا...»\+bd* ــ دەرۋەقە، ئايۇپنىڭ بۇ گېپى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلىرى ھەقىقەت بولمىغان بولسا، ئەمدى ئۆز يۇرتىدىكىلەر، چېدىردىكىلەر ئۇنى ئاڭلاپلا گۇۋاھلىق قىلىپ دەرھال ئىنكار قىلاتتى.\f* \m \v 32 (مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛ \m چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن)\x + \xo 31:32 \xt ئىبر. 13‏:2؛ 1پېت. 4‏:9\x* \m \v 33 ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان، \m قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام، \m \v 34 ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام، \m جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، \m شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،... \f □ \fr 31:34 \ft \+bd «ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان... ... جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،...»\+bd* ــ (33-34-ئايەت) ئەسلىدە ئادەمئاتىمىز گۇناھىنى خۇدادىن يوشۇرماقچى بولۇپ دەرەخلەر ئىچىگە مۆكۈۋالغانىدى. ئەمىلىيەتتە ئادەم ئۆز گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلسىلا دەرھال ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق قارايمىزكى، ئايۇپ مۇشۇ يەردە «ئەگەر گۇناھ قىلغان بولسام، خۇدانىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلاتتىم؛ ئۇنداقتا خالايىقتىن ھېچ قورقمايتتىم» دېمەكچى. \fp بەزى ئادەملەرنىڭ گۇناھ قىلماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىدۇ ــ يەنى خالايىقنىڭ پىكرىدىن بولغان قورقۇنچىسىدىنلا، خالاس. ئايۇپ ھەرگىز بۇنداق خىلدىكى ئادەملەردىن ئەمەس، ھەردائىم خۇدانى ئۆز ئالدىدا ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويىدۇ.\f* \m \v 35 ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى! \m مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛ \m ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! \m رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن!\f □ \fr 31:35 \ft \+bd «ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن!»\+bd* ــ بىز «مېنىڭ رەقىبىم» دېگەن بۇ سۆزنى يەنىلا خۇدانى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەھلىل قىلىمىز. يەنە بەزى شەرھچىلەر ئۇنى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 36 شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟ \m چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم. \m \v 37 مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛ \m شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم.\f □ \fr 31:37 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم»\+bd* ــ «ئۇنىڭغا» يەنى خۇداغا، دېمەكچى.\f* \m \v 38 ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە، \m ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا، \m \v 39 چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام، \m ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام، \m \v 40 ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن! \m ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن. \b \m مانا شۇنىڭ بىلەن \add مەن\add* ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!» \f □ \fr 31:40 \ft \+bd «ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن!»\+bd* ــ «مەستەك» بۇغدايغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ يەنە «كۈرمەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f* \b \b \m \c 32 \s1 ياش يىگىت ئېلىخۇ سۆز قىلىدۇ •••• ئۇ خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن تەلىم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ •••• «ھەممىگە قادىرنىڭ روھى ئادەمگە تەلىم بېرىدۇ» \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى. \m \v 2 ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛ \f □ \fr 32:2 \ft \+bd «بۇزىلىق...ئېلىخۇ»\+bd* ــ توغرۇلۇق: «بۇز» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جەمەتنىڭ ئېدوم مىللىتى بىلەن، يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئېلىخۇ بەلكىم بۇ جەمەتتىكىلەردىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئادەم دەسلەپتە بىزگە تونۇشتۇرۇلمىغان؛ بىراق ئۇ چوقۇم بۇ تۆتەيلەننىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئىدى.\f* \v 3 ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى. \v 4 بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى. \v 5 ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m «مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛ \m شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم.\x + \xo 32:6 \xt ئايۇپ 32‏:4، 7؛ 15‏:10\x* \m \v 7 مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار \add ئاۋۋال\add* سۆزلىشى كېرەك؛ \m يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛\f □ \fr 32:7 \ft \+bd «يېشى چوڭ بولغانلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلىرى كۆپ بولغانلار». \+bd «يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ياشانغان ئادەم كىشىلەرگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ».\f* \m \v 8 بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ \m ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ.\f □ \fr 32:8 \ft \+bd «بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزى ئۇ چۈشىنىپ يەتكەن چوڭ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرىدۇر. تۆتەيلەن جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى تىلغا كۆپ ئالمىغان. ئېلىخۇ خۇدانىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ روھى ھەم ۋىجدانى ئارقىلىق ۋەھىي بېرىپ، سۆز قىلىپ ساۋاق ئۆگىتىدۇ دېگەن تەلىمنى بېرىدۇ. ئىنساننىڭ خۇدانىڭ روھىنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئۇ كېيىن ئازراق سۆزلەيدۇ.\f*  \x + \xo 32:8 \xt ئايۇپ 12‏:13؛ 38‏:36؛ پەند. 2‏:6؛ توپ. 2‏:26؛ دان. 1‏:17؛ 2‏:21\x* \m \v 9 لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛ \m قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن.\x + \xo 32:9 \xt ئايۇپ 12‏:12\x* \m \v 10 شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن، \m مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي. \m \v 11 مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا، \m مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛ \m سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛ \m \v 12 شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛ \m بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار، \m ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى، \m \v 13 سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛ \m ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ.\f □ \fr 32:13 \ft \+bd «سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر، ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇ: ئۈچ دوستنىڭ ئايۇپنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگۈدەك جاۋابنى تاپالمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆز پىكرى-تەجرىبىسىگە تايانغانلىقى، خۇدانىڭ ئۆزىدىنلا بىۋاسىتە دانالىق ئىزدىمىگەنلىكىدىن بولدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزقارىشى بۇ جەھەتتىن توغرا بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 14 ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛ \m ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن \m \v 15 (بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛ \m ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى. \m \v 16 مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛\f □ \fr 32:16 \ft \+bd «\+bd*\+bdit بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، ... مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار ... جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى\+bdit*» ــ بۇ سۆزلەر (15-16-ئايەت) بىزگە كىتابنىڭ يازغۇچىسىنىڭ، يەنى بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن يىپ ئۇچى تەمىنلەيدۇ. كىتابتىكي نەسرىي (شېئىرىيەت شەكلىدە بولمىغان) قىسىملاردا پەقەت بۇ يەردىلا «مەن» دېگەن ئالماشنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، مەزكۇر كىتابنى يازغۇچى ئېلىخۇ بولۇشى كېرەك. بىز ئۇنىڭ ئەرشتە بولغان كېڭەشلەردىن قانداق خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ ئۆزى بايان قىلغاندەك «ھەربىر ئادەمگە تەلىم بەرگۈچى بولغان خۇدانىڭ روھى»نىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق شۇ ئىشلارنى بىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 17 ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي، \m مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي. \m \v 18 چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛ \m ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛\f □ \fr 32:18 \ft \+bd «ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى»\+bd* ــ ئېلىخۇ ئىككىنچى قېتىم مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئايۇپقا بەرمەكچى بولغان تەلىمىنى دەل مۇشۇ روھتىن كەلگەن، دېمەكچى.\f* \m \v 19 مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛ \m يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى. \m \v 20 شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛ \m مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي. \m \v 21 مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛ \m ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن. \m \v 22 مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، \m ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ». \f □ \fr 32:22 \ft \+bd «مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلماسلىق توغرىدۇر؛ بۇ لىللا گەپ قىلىشتىكى ئالدىنقى بىر شەرت. بىراق ئېلىخۇ ئايۇپنىڭ «\+bd خۇداغا\+bd* خۇشامەت قىلىش» گۇناھتۇر، دېگەن سۆزىنى (11:7-13نى كۆرۈڭ) چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى؛ شۇڭا ئېلىخۇ پەقەتلا «\+bd ئادەمگە\+bd* خۇشامەت قىلىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.\f* \b \b \m \c 33 \s1 ئېلىخۇنىڭ بىرىنچى بايانى ــ خۇدا ئادەملەرگە بەرگەن تەربىيىلەر \m \v 1 «ئەمدىلىكتە، ئى ئايۇپ، بايانلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن، \m سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ چىققايسەن. \m \v 2 مانا ھازىر لەۋلىرىمنى ئاچتىم، \m ئاغزىمدا تىلىم گەپ قىلىدۇ. \m \v 3 سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، \m لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ.\f □ \fr 33:3 \ft \+bd «سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ»\+bd* ــ بىز ئېلىخۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ناھايىتى دۇرۇس، شۇنداقلا خۇدانىڭ روھىنىڭ تەلىمى بىلەن كەلگەن، دەپ قارىساقمۇ، بەزى جايلاردا ئۇ يەنىلا ئۆز ناتىقلىقى بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئېلىخۇ مەزكۇر كىتابنىڭ يازغۇچىسى دېگەن پىكرىمىز توغرا بولىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن بۇ جەھەتتە ئۆز كەمچىلىكىنى سەزمەي قالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىز ئۈچۈن بۇ ئەمەلىي سۆھبەتنى تەسۋىرلەپ قالدۇرغان؛ ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنىمۇ (سۆزمەن بولسىمۇ)بىز ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن خاتىرىلەيدۇ. بەزىدە بىز ھەتتا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى بىر ھاكاۋۇر ئادەم ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلىپ قالىمىز. ھالبۇكى، بىزمۇ بىلىپ يېتىشىمىز كېرەككى، مەلۇم كىشىنىڭ سۆزمەن بولۇپ كەتكەنلىكى بىلەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق بولۇشى ناتايىن. بىز ھەممە ئادەمنىڭ سۆزىنى سەۋر-تاقەت ھەم دىققەت بىلەن ئاڭلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. \fp بۇنىڭدىن سىرت، ئېلىخۇنىڭ شېئىر شەكىلدە بولغان بايانلىرى باشقا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ شېئىرىي سەۋىيىسىگە يەتمەيدۇ. بۇ يەنە ئۇنىڭ بىزگە بۇ ئەمەلىي ئىشلارنى، ئەمەلىي بايانلارنى ئەينى-ئەينى قەيت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.\f* \m \v 4 تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛ \m ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ.\f □ \fr 33:4 \ft \+bd «ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ماڭا جان بەرگەن».\f* \m \v 5 جاۋابىڭ بولسا، ماڭا رەددىيە بەرگىن؛ \m سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا سەپكە قويۇپ جەڭگە تەييار تۇرغىن! \m \v 6 مانا، تەڭرى ئالدىدا مەن ساڭا ئوخشاش بەندىمەن؛ \m مەنمۇ لايدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ ياسالغانمەن.\x + \xo 33:6 \xt ئايۇپ 9‏:35؛ 23‏:10\x* \m \v 7 بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن، \m ۋە ياكى مەن سالغان يۈك ساڭا بېسىم بولمايدۇ.\f □ \fr 33:7 \ft \+bd «بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن»\+bd* ــ ئېلىخۇ مۇشۇ يەردە ئايۇپقا باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بەزى خىياللىرىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئازراق سېزىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 8 سەن دەرۋەقە قۇلىقىمغا گەپ قىلدىڭكى، \m ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن: ــ \x + \xo 33:8 \xt ئايۇپ 10‏:7؛ 16‏:17؛ 23‏:10،11؛ 27‏:5\x* \m \v 9 «مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ \m مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق... \m \v 10 مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، \m ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ؛\x + \xo 33:10 \xt ئايۇپ 13‏:24؛ 16‏:9؛ 19‏:11\x* \m \v 11 ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، \m ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 33:11 \ft \+bd «\+bd*\+bdit ئايۇپنىڭ\+bdit* «مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق... مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ... ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم» ــ (9-11-ئايەتلەر) ئېلىخۇ ئايۇپقا: «قۇلىقىمغا مۇنداق گەپ قىلدىڭ» دەپ ئۇنىڭ قىلغان ئۈچ گېپىنى ئەيىبلەيدۇ. \fp بىرىنچىسى سۆز: «مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق...». ئەمەلىيەتتە، ئايۇپ بۇ سۆزلەرنى قىلمىغان؛ ئۇ پەقەت خۇداغا: «ھەربىر گۇناھىمنى ئېتىراپ قىلىپ كەچۈرۈم قىلىندىم، ھازىر ۋىجدانىمغا خىلاپ ھېچ گۇناھىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. بۇ سۆز ئۆزىنى پۈتۈنلەي ساپ، پۈتۈنلەي بىگۇناھ، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئېلىخۇ مۇشۇ يەردە خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. \fp ئىككىنچىسى سۆز: «مانا، خۇدا سەۋەب تېپىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ» ــ بۇ سۆز راستلا 24:13دە ۋە يەنە 7:14دە تېپىلىدۇ. \fp ئۈچىنچىسى سۆز: «ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ بۇ سۆز 27:13دە تېپىلىدۇ\f*  \x + \xo 33:11 \xt ئايۇپ 13‏:27؛ 14‏:16\x* \m \v 12 مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەيكى، \m بۇ ئىشتا گېپىڭ توغرا ئەمەس؛ \m چۈنكى تەڭرى ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر. \m \v 13 سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ \m ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟\f □ \fr 33:13 \ft \+bd «سەن نېمىشقا ... ــ «ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟»\+bd* ــ ئايۇپ ئەسلىدە «ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دېمىگەن؛ بەلكى ئۇ خۇدانىڭ \+bd بەزى\+bd* قىلغان ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەنلىرىنى چۈشەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئېلىخۇنىڭمۇ مۇشۇ يېرىدە خاتالىقى بار. \fp باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ «ئۇ ئىنساننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟».\f* \m \v 14 چۈنكى تەڭرى ھەقىقەتەن گەپ قىلىدۇ؛ \m بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، \m لېكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ؛\f □ \fr 33:14 \ft \+bd «بىر قېتىم، ئىككى قېتىم»\+bd* ــ بەلكىم «بىرنەچچە قېتىم» ۋە شۇنىڭدەك «ھەرخىل يول بىلەن» دېگەننى كۆرسىتىدىغان بىر ئىبارە بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 15 چۈش كۆرگەندە، كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتە، \m ــ (قاتتىق ئۇيقۇ ئىنسانلارنى باسقاندا، \m ياكى ئورۇن-كۆرپىلىرىدە ئۈگدەك باسقاندا) ــ \m \v 16 ــ شۇ چاغلاردا ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، \m ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى \add ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە\add* مۆھۈرلەيدۇ.\f □ \fr 33:16 \ft \+bd «... ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە مۆھۈرلەيدۇ»\+bd* ــ بىز ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزىنى ناھايىتى ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمىز. ئۇ خۇدا ئۆز روھى ئارقىلىق ئىنسانغا سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ نەسىھەت قىلىدۇ، دەيدۇ؛ ئەگەر ئىنسان بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالمىسا، خۇدا يەنىلا شەپقىتى بىلەن چۈشلەر ئارقىلىق ئىنسان قۇلىقىنى ئېچىپ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ھەم نەسىھىتىنى بېكىتىپ مۆھۈرلەيدۇ. \fp ئىككىنچى قۇرنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلار بىلەن قورقىتىدۇ».\f* \m \v 17 ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى \add يامان\add* يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، \m ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛\f □ \fr 33:17 \ft \+bd «ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى يامان يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت. خۇدا ئۆز ئىلتىپاتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئىنسانغا روھى ئارقىلىق نەسىھەت قىلىدۇ؛ ئاڭلىمىسا ئۇ چۈشلەر ئارقىلىق نەسىھەتنى بېكىتىدۇ؛ يەنە ئاڭلىمىسا كېسەللىك ياكى باشقا مۈشكۈللۈكلەر بىلەن ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى ھالاكەتتىن ياندۇرىدۇ (18-22-ئايەتلەر). بۇ جازالاش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدىن چىققان تەربىيىدۇر؛ ئۇ مانا مۇشۇلار ئارقىلىق ئىنساننى ئۆز تەكەببۇرلۇقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قوغداپ قالىدۇ. ئېلىخۇنىڭ بۇ تەلىمى ئىنسان ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئېلىخۇنىڭ تەلىمى ئايۇپنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىگەن بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئايۇپقا ئازراق پايدىسى تەگكەن بولسا كېرەك؛ ئازاب-ئوقۇبەتلەر بولسا، دەرۋەقە قەلبىدىكى تەكەببۇرلۇقنى ئاشكارىلايدۇ. ئايۇپنىڭ ئاخىرىدا قىلغان توۋىلىرى ئاساسەن ئۆز تەكەببۇرلۇقىغا نىسبەتەن بولغان (42-باب).\f* \m \v 18 بۇنىڭ بىلەن \add خۇدا\add* ئادەمنىڭ جېنىنى كۆز يەتمەس ھاڭدىن ياندۇرۇپ، ساقلايدۇ، \m ئۇنىڭ ھاياتىنى قىلىچلىنىشتىن قوغدايدۇ. \m \v 19 ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن، \m سۆڭەكلىرىنى ئۆز-ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن، \m تەربىيە قىلىنىدۇ. \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ، \m ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن قاچىدۇ.\x + \xo 33:20 \xt زەب. 107‏:18\x* \m \v 21 ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، \m ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ. \m \v 22 بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ، \m ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛ \m \v 23 بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا، \m يەنى مىڭىنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسا، \m ــ ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسا،\f □ \fr 33:23 \ft \+bd «ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا...»\+bd* ــ «پەرىشتە» دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتە «خەۋەر يەتكۈزگۇچى» دېگەن مەنىدە. تەۋرات بىرىنچى قىسىم («يارىتىلىش») «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نى بىزگە تونۇشتۇرىدۇ؛ بۇ پەرىشتە بىردىنبىر، ناھايىتى سىرلىق زات. ئۇنى كۆرگەنلەرمۇ: «بىز خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرگەن» دېيىشىدۇ. بۇ پەرىشتە «ئۇز يېرى»دە تۇرغان ئىسمائىل ھەم ئانىسى ھەجەرگە كۆرۈنۈپ ئۇلارنى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇتقۇزغان. ھېچ بولمىغاندا، ئېلىخۇ مۇشۇ يەردە ئادەمنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى پەقەت ئىنسان ھەم خۇدا ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئىنساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇنداق بىر زات تەرىپىدىن بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ «خۇدانىڭ پەرىشتىسى» ئېلىخۇ «مىڭدىن بىر» دېگەن بۇ پەرىشتە ئايۇپ ئىلگىرى بېشارەت قىلغان «كېلىشتۈرگۈچى» ھەم «قۇتقۇزغۇچۇم» دېگەن زاتتىن باشقا بىرسى ئەمەس. ئېلىخۇ بۇ يەردە بىزگە يەنىلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تەلىم ھەم كارامەت بىر بېشارەتنى بېرىۋاتىدۇ. \+bd «ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ...»\+bd* ــ ياكى «ئىنسان بالىسىغا ئۇنىڭ (دېمەك، خۇدانىڭ) ھەققانىيلىقى كۆرسىتىپ بېرىدىغان...».\f* \m \v 24 ئۇنداقتا \add خۇدا\add* ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىپ: «ئۇنى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن، \m چۈنكى مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 33:24 \ft \+bd «... مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت تاپتىم».\f* \m \v 25 بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتلىرى بالىلىق ۋاقتىدىكىدىن يۇمران بولىدۇ؛ \m ئۇ ياشلىقىغا قايتىدۇ. \m \v 26 ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، \m ئۇ خۇشال-خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ، \m ھەمدە \add خۇدا\add* ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ.\x + \xo 33:26 \xt زەب. 50‏:15؛ يەش. 58‏:9\x* \m \v 27 ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ــ \m «مەن گۇناھ قىلدىم، \m توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، \m بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى!\f □ \fr 33:27 \ft \+bd «ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئادەملەرگە قاراپ:...» ياكى «ئۇ ئادەملەر ئالدىدا ئېتىراپ قىلىپ:...».\f* \m \v 28 ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى، \m جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» ــ دەيدۇ. \m \v 29 مانا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئادەمنى دەپ، \m ئىككى ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ،\f □ \fr 33:29 \ft \+bd «ئىككى، ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ»\+bd* ــ «ئىككى، ئۈچ مەرتەم» دېگەن سۆز ئادەتتە «بىرنەچچە مەرتەم»نى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئۈچ قېتىم بىلەن توختىمايدۇ؛ بۇ بايان خۇدانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر مېھرى-شەپقىتىنى ئايان قىلىدۇ؛ بىراق ھېچكىم بۇ پاكىتتىن پايدىلىناي دەپ خۇدانىڭ سەۋر-تاقىتىنى سىنىمىسۇن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش، ئەلۋەتتە!\f* \m \v 30 مەقسىتى ئۇنىڭ جېنىنى ھاڭدىن ياندۇرۇپ قۇتقۇزۇشتۇر، \m ئۇنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈندۇر.\x + \xo 33:30 \xt زەب. 56‏:13\x* \m \v 31 ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ \m ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي. \m \v 32 ئەگەر سۆزلىرىڭ بولسا، ماڭا جاۋاب قىلىۋەرگىن؛ \m سۆزلىگىن! چۈنكى ئىمكانىيەت بولسىلا مېنىڭ سېنى ئاقلىغۇم بار. \m \v 33 بولمىسا، مېنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇر؛ \m سۈكۈت قىلغىن، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتىپ قوياي». \b \b \m \c 34 \s1 ئېلىخۇنىڭ ئىككىنچى بايانى ــ ئايۇپنى يەنە ئەيىبلەش، ياراتقۇچىنىڭ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەش \m \v 1 ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار، \m ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار. \m \v 3 ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك، \m قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ.\x + \xo 34:3 \xt ئايۇپ 12‏:11\x* \m \v 4 ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛ \m ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى! \m \v 5 چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، \m ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 34:5 \ft \+bd «... ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ ئايۇپ «مەن ھەققانىي» دېگەن سۆزنى بىۋاسىتە ئېيتمىغان بولسىمۇ، دەرۋەقە ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن شۇ مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. «خۇدا مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان» دېگەن سۆزنى ئۇ 2:27دە ئېيتقان. «مېنىڭ ھەققىم» دېگەن سۆز توغرۇلۇق شۇ ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 34:5 \xt ئايۇپ 27‏:2\x* \m \v 6 يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟ \m ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ،\f □ \fr 34:6 \ft \+bd «يەنە ئۇ (ئايۇپ): «... ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ دەرۋەقە، ئايۇپ 4:6دە خۇدا مېنى ئوق ئېتىپ يارىلاندۇردى، دېگەن. بىراق بىزنىڭچە ئۇ ئېلىخۇنىڭ ئۆزىنى مۇشۇ يەردە ئەيىبلىگىنى بويىچە: «خۇدا مېنى يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ» دەپ ئېيتقان ئەمەس. ئوقۇرمەنلەر ئۆزى بۇ سۆزنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئويلىيالايدۇ.\f*  \x + \xo 34:6 \xt ئايۇپ 6‏:4\x* \m \v 7 قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! \m ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر.\f □ \fr 34:7 \ft \+bd «ئۇنىڭغا (ئايۇپقا) نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ (قاتتىق ئازابتىن دېگەن) بەزى سۆزلىرى ئىنتايىن ئاچچىقلانغانلىقىدىن ئېيتىلغىنى بىلەن، بىزنىڭچە «باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئۇنىڭغا نىسبەتەن سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر» دېگەن بۇ سۆز ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن.\f* \m \v 8 ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، \m ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ.\f □ \fr 34:8 \ft \+bd «ئۇ (ئايۇپ) قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ ... رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىسپات بارمۇ؟ بىزنىڭچە يوق. بىراق بۇ سۆز كۆچمە مەنىدە ئېيتىلغان بولسا «ئايۇپ ئېغىزدا يامانلارنىڭ يولىدا ماڭىدۇ» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 9 چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، \m بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى.\f □ \fr 34:9 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى»\+bd* ــ بىزنىڭچە، ئايۇپ بۇ سۆزنى دېمىگەن؛ ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىللەر ھېچ جازالانماي، يامانلىقىنى قىلىۋېرىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان؛ بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ يامان يولىدا ھەرگىز ماڭمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان؛ شۇڭا ئېلىخۇنىڭ بۇ گېپى سەل ئادىل بولمىدى، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 10 شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ \m رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن!\x + \xo 34:10 \xt قان. 32‏:4؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 8‏:3؛ 36‏:23؛ زەب. 92‏:15؛ رىم. 9‏:14\x* \m \v 11 چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، \m ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ.\x + \xo 34:11 \xt زەب. 62‏:12؛ پەند. 24‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ ئ‍ەز. 7‏:27؛ 33‏:20؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:8؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 22‏:12\x* \m \v 12 دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ، \m ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ. \m \v 13 كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ \m كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟\f □ \fr 34:13 \ft \+bd «كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ مۇنازىرىسى (10-13)، بەلكىم، خۇدا شۇنچە يۇقىرى ئورۇندا تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم پارا يېگۈزەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، دېگەنلىك. بىراق ئۇ ئەگەر: «خۇدا بىزدىن ئىنتايىن يۇقىرى تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئادىللىقى بىز تونۇغان ھەم چۈشىنىدىغان ئادىللىقتىن پۈتۈنلەي باشقىچە، پۈتۈنلەي باشقا خاراكتېرىدا» دېمەكچى بولسا، بىز ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلمايمىز.\f* \m \v 14 ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، \m ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا،\f □ \fr 34:14 \ft \+bd «...ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا،...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ (خۇدا) ئۇنىڭ (ئىنساننىڭ) روھى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسا،..»\f*  \x + \xo 34:14 \xt زەب. 104‏:28-29؛ توپ. 12‏:7\x* \m \v 15 شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، \m ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ.\f □ \fr 34:15 \ft \+bd «ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا، شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ (14-15)»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن كېيىن، ھەممە ئىش «ئاپتوماتىك ھالدا» داۋاملاشمايدۇ. خۇدا ھەردائىم، ھەر نەپىسىدە ئىنساندىن خەۋەر ئالىدۇ ــ بولمىسا ئۇ ھايات قالمايدۇ.\f*  \x + \xo 34:15 \xt يار. 3‏:19؛ توپ. 12‏:7\x* \m \v 16 سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا! \m سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال! \m \v 17 ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ \m سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟!\f □ \fr 34:17 \ft \+bd «ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟»\+bd* ــ دېگەن بۇ مەسىلە «ئايۇپ» دېگەن بۇ كىتابنىڭ تۈپ مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئېلىخۇ بۇ رېتورىك سوئالغا ھېچقانداق جاۋاب ياكى ئىسپات بەرمەيدۇ. كۈچ-ھوقۇقلۇق بولۇشنىڭ، ئادالەتلىك بولۇشقا باراۋەر بولۇشى ناتايىن. خۇدا ئۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى، مېھىر-مۇھەببىتىنى، ھەممە سۆزىگە بولغان ۋاپادارلىقىنى، تولۇق ئادالىتىنى بولسا قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. بولۇپمۇ زەبۇر ھەم ئىنجىلغا ئاساسەن، خۇدا ئاخىردا ئۆزى بارلىق قىلغان ھۆكۈملىرىنى ھەربىر ئىنسانغا ئېنىق نامايان قىلىدۇ؛ شۇ كۈنى خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىگە ھېچكىم رەددىيە بېرەلمەيدۇ؛ ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇتلەق ئادىللىقى ھەممە ئىنسانغا ئىسپاتلىنىپ تولۇق ئايان بولىدۇ.\f*  \x + \xo 34:17 \xt يار. 18‏:25؛ ئايۇپ 5‏:18؛ 8‏:3؛ 21‏:22؛ رىم. 3‏:5\x* \m \v 18 ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، \m مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر.\f □ \fr 34:18 \ft \+bd «ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھلارغا: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرگە: «رەزىللەر!» دېگىلى بولامدۇ؟»\f* \m \v 19 ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، \m نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر.\f □ \fr 34:19 \ft \+bd «ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر»\+bd* ــ ئايۇپ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا گەپ قىلغان بولسا: «مەن خۇدانىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمنى دەل ئاشۇنداق بىتەرەپلىك بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتمەكتىمەن!» دېيىشى مۇمكىن ئىدى. ئېلىخۇنىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭغا ئانچە تەسەللى بېرەلمەيدۇ.\f*  \x + \xo 34:19 \xt قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 37‏:24؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17\x* \m \v 20 كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، \m تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ \m ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ. \m \v 21 چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ \m ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ.\x + \xo 34:21 \xt 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 31‏:4؛ زەب. 34‏:15-17؛ پەند. 5‏:21؛ 15‏:3؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19\x* \m \v 22 شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر، \m ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ.\f □ \fr 34:22 \ft \+bd «شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر... ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا بارلىق ئىشلارنى بىراقلا كۆرەلىگەچكە، ئۇنىڭ سوتچى بولۇشقا تولۇق سالاھىيىتى بار.\f*  \x + \xo 34:22 \xt زەب. 139‏:11-12؛ ئام. 9‏:2، 3؛ ئىبر. 4‏:13\x* \m \v 23 چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، \m ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.\f □ \fr 34:23 \ft \+bd «چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا ... ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 24 ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، \m ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛ \m \v 25 چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ. \m \v 26 ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ، \m \v 27 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان، \m ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان.\x + \xo 34:27 \xt زەب. 28‏:4-5؛ يەش. 5‏:12\x* \m \v 28 ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ.\f □ \fr 34:28 \ft \+bd «ئۇلار (رەزىللەر) شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، ... ئۇ (خۇدا) ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇ بەلكىم بۇ سۆزلىرىنى ئايۇپقا دارىتىپ ئېيتىدۇ: «سەن مۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغانمۇ؟».\f* \m \v 29 ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. \m مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، \m ئەگەر ئۇ \add شەپقىتىنى كۆرسەتمەي\add* يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟\f □ \fr 34:29 \ft \+bd «ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن؟»\+bd* ــ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ ئىشلارنى تىنچلاندۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن؟». \fp ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، «خۇدانىڭ ئۆز يۈزىنى يوشۇرغانلىقى»، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە مەلۇم بىرخىل جازا-ساۋاق بېرىشىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 30 ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، \m ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر. \m \v 31 چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ \m مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛ \m \v 32 ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ \m مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە،\f □ \fr 34:32 \ft \+bd «...ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن»\+bd* ــ ئېلىخۇ شۈبھىسىزكى، ئايۇپنى شۇنداق بىر ئىقرارنى (31-32-ئايەتتىكى سۆزلەر بىلەن) قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بىراق ئايۇپتا تەكەببۇرلۇق بولغىنى بىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ «ئىپلاس» ياكى «مۇناپىق»لاردىن ئەمەس.\f* \m \v 33 سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، \m ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ. \m مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛ \m ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ! \m \v 34 ئەقلى بار ئادەملەر بولسا، \m گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ \m \v 35 «ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛ \m ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ. \m \v 36 ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن، \m ئاخىرغىچە سىنالسۇن!\f □ \fr 34:36 \ft \+bd «ئايۇپ رەزىل ئادملەردەك جاۋاب بەرگەن»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزى بولسا ناھايىتى ئېغىر شىكايەت ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە ئېلىخۇ ئايۇپنى «ئاسىيلىق قىلغان» دەپمۇ ئەيىبلەيدۇ. بىراق دەرد-ئەلەمدىن، ئۈمىدسىزلىكتىن، قاتتىق ئاغرىقلاردىن چىققان ئاچچىق ھەم گۇمانلىق گەپنى «ئاسىيلىق» دېگىلى ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئېلىخۇ سەل ھەددىدىن ئىشىپراق سۆزلىگەن. «ئۇ ئاخىرغىچە سىنالسۇن!» دېيىشمۇ «بىر ياندا ئازادە ئولتۇرغان» كىشىلەر ئۈچۈن دېمەككە ئاسان گەپتۇر!\f* \m \v 37 چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛ \m ئۇ ئارىمىزدا \add ئاھانەت بىلەن\add* چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە». \b \b \m \c 35 \s1 ئېلىخۇنىڭ ئۈچىنچى بايانى ــ «خۇدا كېچىدە ئات قىلغان ناخشىلار» \m \v 1 ئېلىخۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «سەن مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟\f □ \fr 35:2 \ft \+bd ««سەن (ئايۇپ) مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟»\+bd* ــ بۇ سۆزمۇ بەك قاتتىق ئېيتىلغان. ئايۇپ ئەسلىدە «مەن ھەققانىي» دېگىنى ھەم خۇدانىڭ ئادالىتىدىن بەزى گۇمانلىق گەپلەرنى قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە قاپ يۈرەكلىك قىلىپ «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈن» دېگەن گەپنى قىلىپ باقمىغان. ئوقۇرمەنلەر ئۆزىلىرى بىرنېمە دېسۇن.\f* \m \v 3 شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ \m گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ .\f □ \fr 35:3 \ft \+bd «...سەن (ئايۇپ): «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ»\+bd* ــ ئېلىخۇ يۇقىرىدا ئايۇپنى ئەيىبلەپ: «سەن «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ» دېگەنسەن» (34:9) دېگىنىنى ھازىر تەكرارلايدۇ.\f*  \x + \xo 35:3 \xt ئايۇپ 34‏:9\x* \m \v 4 ئۆزۈم سۆزلەر بىلەن ساڭا \add جاۋاب بېرەي\add*، \m ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي؛\f □ \fr 35:4 \ft \+bd «ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي»\+bd* ــ «ئۈلپەتلىرىڭ» دېگەن سۆز بەلكىم ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا بولغانلارنى (ھازىرمۇ ئايۇپنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارنى؟) كۆرىسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 5 ئاسمانلارغا قاراپ باققىن؛ \m پەلەكتىكى بۇلۇتلارغا سەپسالغىن؛ \m ئۇلار سەندىن يۇقىرىدۇر. \m \v 6 ئەگەر گۇناھ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا تەڭرىگە قايسى زىيانكەشلىكنى قىلالايتتىڭ؟ \m جىنايەتلىرىڭ كۆپەيسىمۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق زىيانلارنى سالالار ئىدىڭ؟ \m \v 7 سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ \m ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟\f □ \fr 35:7 \ft \+bd «سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ كۆزقارىشى ئېلىفازنىڭكىگە (22:3-ئايەتتىكى) ئوخشايدۇ. بىز يەنىلا ئاۋۋالقى ئايەتتىكى ئىزاھاتنى تەكرارلايمىز: ــ «1:8-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئۆزىدە ئايۇپتىن ئالغان رازىلىقى، خۇرسەنلىكى ناھايىتى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمدا خۇدانىڭ ئىنساننىڭ تۈپەيلىدىن بولغان ئازابلىرىدىن خەۋەردار بولىمىز. خۇدا گەرچە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىزدىن خۇرسەنلىك ئىزدەيدۇ ياكى بىزدىن رەنجىيدۇ ھەم ئازابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىخۇنىڭ 5-8-ئايەتتىكى بۇ سۆزلىرى ئىنتايىن خاتا ئېيتىلغان سۆزلەردۇر».\f*  \x + \xo 35:7 \xt ئايۇپ 22‏:2؛ زەب. 16‏:2؛ رىم. 11‏:35\x* \m \v 8 سېنىڭ ئەسكىلىكلىرىڭ پەقەت سەندەك بىر ئىنسانغىلا، \m ھەققانىيلىقىڭ بولسا پەقەت ئىنسان بالىلىرىغىلا تەسىر قىلىدۇ، خالاس. \m \v 9 ئادەملەر زۇلۇم كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن يالۋۇرىدۇ؛ \m كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ.\f □ \fr 35:9 \ft \+bd «كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈچلۈكلەرنىڭ بىلىكى تۈپەيلىدىن...».\f* \m \v 10 بىراق ھېچكىم: «كېچىلەردە ئىنسانلارغا ناخشا ئاتا قىلغۇچى ياراتقۇچۇم تەڭرىنى نەدىن ئىزدىشىم كېرەك؟» دېمەيدۇ. \m \v 11 ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ، \m ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ \m \v 12 ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، \m ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ.\f □ \fr 35:12 \ft \+bd «ئۇلار (ئېزىلگەنلەر) نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇ بەلكىم جەمئىيەت ئارىسىدىكى يامانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى مەلۇم بىر دەرىجىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى چەكلىمىگەن سەۋەنلىكمۇ بار بولۇشى مۇمكىن، دېمەكچى. ئۇنداقتا پۈتكۈل جەمئىيەت، جۈملىدىن بەزى بىگۇناھ كىشىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ۋەجىدىن خۇدانىڭ تەربىيە-جازالىشىغا ئۇچرىماي قالمايدۇ، دېمەكچى. ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق يېرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئايۇپ (مەيلى ئۇنىڭ ھاكاۋۇر يېرى بولسۇن) بۇ «رەزىللەر»نىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.\f*  \x + \xo 35:12 \xt ئايۇپ 27‏:9؛ پەند. 1‏:28؛ 15‏:29؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ يـۇھ. 9‏:31\x* \m \v 13 بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە، \m ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە، \m \v 14 سەن: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» دېسەڭ، \add ئۇ قانداق قۇلاق سالسۇن\add*؟ \m دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، \m شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن.\f □ \fr 35:14 \ft \+bd «دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن»\+bd* ــ 8:23-10نى كۆرۈڭ. ئېلىخۇ ئالدىدا ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن ئايۇپنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، «دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن» دېگەن بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، ئايۇپقا دەل جايىدا قىلىنغان سۆزدۇر. ئېلىخۇ ھېچ بولمىغاندا، ئايۇپنىڭ ھەقىقەتەن بىر «دەۋاسى» بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. \fp ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە (13-ئايەت)، سېنىڭ: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛ دەۋايىم ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، مەن ئۇنى كۈتۈۋاتىمەن» دېگىنىڭدىن كېيىن قانداق بولار؟».\f* \m \v 15 بىراق ئۇ ھازىر \add توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرىپ\add*، ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، \m ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟\f □ \fr 35:15 \ft \+bd «بىراق ئۇ ... ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟»\+bd* ــ بۇ سۆزمۇ بەك قاتتىق ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ئايۇپنى ئىنتايىن تەكەببۇر ئادەم دەپ جەزملەشتۈرىدۇ. بىراق ئايۇپ گەرچە خۇداغا قارىتا بەزى ئاچچىق، ئازابلىق گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى ئىدى. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەنە كېلىپ، سەن تېخى: «ئۇنىڭ غەزىپى ھېچ جازا بەرمەيدۇ، ئۇ ئاسىيلىقنى ھېچ نەزەرىگە ئالمايدۇ» دەيسەن!»\f*  \x + \xo 35:15 \xt ئايۇپ 11‏:6\x* \m \v 16 چۈنكى ئايۇپ قۇرۇق گەپ ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچقان، \m ئۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپەيتكەن». \b \b \m \c 36 \s1 ئېلىخۇنىڭ تۆتىنچى بايانى: ــ ئازابلاردىن ئالغان تەربىيە \m \v 1 ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ، \m مەن يەنە تەڭرىگە ۋاكالىتەن قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئايان قىلىمەن. \m \v 3 بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن، \m ئادەملەرنى ياراتقۇچىمنى ھەققانىي دەپ ھېسابلايدىغان قىلىمەن.\f □ \fr 36:3 \ft \+bd «بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن...»\+bd* ــ ئېلىخۇ بېرىدىغان مىساللارنى «يىراقلاردىن» ئالماقچى ــ دېمەك، ئۇزۇن تارىخ ھەم تەبىئەتتىن ئالماقچى.\f* \m \v 4 مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛ \m بىلىمى مۇكەممەل بىرسى سەن بىلەن بىللە بولىدۇ.\f □ \fr 36:4 \ft \+bd «بىلىمى مۇكەممەل بىرسى»\+bd* ــ ئېلىخۇ ئۆزىنى بەك يۇقىرى چاغلىسا كېرەك؛ چۈنكى ئۇ 37-بابتا دەل بۇ سۆزلەر بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلەيدۇ.\f* \m \v 5 مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر، \m بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ؛ \m ئۇنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇردۇر، مەقسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ.\f □ \fr 36:5 \ft \+bd «بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ ئايەتتىكى بۇ بىرىنچى جۈملىسىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغىنىمىز بىلەن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ -35-باب 7-ئايەتتىكى بايانىغا سەل زىت كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 36:5 \xt ئايۇپ 9‏:4؛ 12‏:13، 16؛ 37‏:23؛ 38‏:23\x* \m \v 6 ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ \m بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ.\f □ \fr 36:6 \ft \+bd «ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇ ئەسلىدە «مەن سىلەرنىڭ (ئۈچ دوستنىڭ) گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن» دېگىنى بىلەن، ئۇ يەنىلا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئاددىي خۇلاسىلىرىگە قايتىپ كەلدى.\f* \m \v 7 ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ، \m بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈگە پادىشاھلار بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ، \m شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ.\x + \xo 36:7 \xt زەب. 33‏:18؛ 34‏:15-16؛ 113‏:8\x* \m \v 8 ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا، \m جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا، \m \v 9 ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى، \m ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى، \m يەنى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بولىدۇ. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ، \m ئۇلارنى يامانلىقتىن قايتىشقا بۇيرۇيدۇ. \m \v 11 ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا \m ئۇلار \add قالغان\add* كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىقتا، \m يىللىرىنى خۇشلۇقتا ئۆتكۈزىدۇ. \m \v 12 بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ، \m بىلىمسىز ھالدا نەپەستىن توختاپ قالىدۇ. \m \v 13 بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ. \m \v 14 ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ھاياتى بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ.\f □ \fr 36:14 \ft \+bd «بەچچىۋازلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز «ھەزىلەك ئەر پاھىشە»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 36:14 \xt ئايۇپ 22‏:16\x* \m \v 15 بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، \m ئۇ ئۇلار خار بولغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ. \m \v 16 ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ \m ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى.\f □ \fr 36:16 \ft \+bd «ئۇ (خۇدا) شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ 8-15-ئايەتتىكى بەرگەن تەلىمى شۇكى، نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئەمىلىيەتتە جازالاش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ تەربىيىسى بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ تەلىمنىڭ ئەھمىيىتى بار. بىراق ئۇ يەنىلا ئايۇپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ تۆۋەندە (17-ئايەتتە) يەنىلا ئايۇپنى خاتا ئەيىبلەيدۇ.\f*  \x + \xo 36:16 \xt زەب. 23‏:5\x* \m \v 17 بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ \m شۇڭا \add خۇدانىڭ\add* ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى.\f □ \fr 36:17 \ft \+bd «بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا خۇدانىڭ ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى»\+bd* ــ 17-21-ئايەتلەرنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس.\f* \m \v 18 غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛ \m ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ. \m \v 19 ياكى بايلىقلىرىڭ، \m ياكى كۈچۈڭنىڭ زور تىرىشىشلىرى، \m ئۆزۈڭنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن نېرى قىلالامدۇ؟ \m \v 20 كېچىگە ئۈمىد باغلىما، \m چۈنكى ئۇ چاغدا خەلق ئۆز ئورنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 36:20 \ft \+bd «كېچىگە ئۈمىد باغلىما»\+bd* ــ بۇ تولىمۇ سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بەلكىم ئېلىخۇ: ئايۇپ باشقىلار ئۆزىنى كۆرمەيدىغان، ئۆزى يامان ئىشلارنى قىلالايدىغان ۋاقىتنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 21 ھۇشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛ \m چۈنكى سەن \add قەبىھلىكنى\add* دەردكە \add سەۋر بولۇشنىڭ\add* ئورنىدا تاللىغانسەن. \m \v 22 مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ \m ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟\f □ \fr 36:22 \ft \+bd «مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ تەلىمىدىكى ئىنتايىن ياخشى نۇقتا شۇكى، خۇدانىڭ «ئۆگەتكۈچى»دۇر، ئۇ دەل ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىنسانغا يوليورۇق بېرىدۇ.\f* \m \v 23 كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟ \m ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟\x + \xo 36:23 \xt قان. 32‏:4؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 8‏:3؛ 34‏:10؛ رىم. 9‏:14\x* \m \v 24 ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما! \m \v 25 ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛ \m ئىنسان بالىلىرى يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇرىدۇ». \b \m \s1 خۇدانىڭ كارامەت ئەمەللىرى ــ •••• ئۇنىڭ زور ھەيۋىسى دەھشەتلىك قارا قۇيۇندا ئايان بولىدۇ \m \v 26 « ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز، \m ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.\x + \xo 36:26 \xt زەب. 90‏:2؛ 92‏:8؛ 93‏:2؛ 102‏:12؛ يەش. 63‏:16؛ يىغ. 5‏:19؛ دان. 6‏:27؛ ئىبر. 1‏:12\x* \m \v 27 چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ \m ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ. \m \v 28 شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار \add يامغۇرلارنى\add* قۇيۇپ بېرىپ، \m ئىنسان بالىلىرى ئۈستىگە مولچىلىق ياغدۇرىدۇ. \m \v 29 بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى، \m ئۇنىڭ \add ساماۋى\add* چېدىرىنىڭ گۈمبۈر-گۈمبۈر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىسۇن؟ \m \v 30 مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، \m ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ.\f □ \fr 36:30 \ft \+bd «مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ»\+bd* ــ چاقماق دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە تېشىپ يېتىدۇ.\f* \m \v 31 ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ \m ھەم ئۇلار \add ئارقىلىقمۇ\add* مول ئاشلىق بېرىدۇ.\x + \xo 36:31 \xt ئايۇپ 37‏:13\x* \m \v 32 ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ، \m ئۇنىڭغا ئۇرىدىغان نىشاننى بۇيرۇيدۇ. \m \v 33 \add خۇدانىڭ\add* گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ \m ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ. \f □ \fr 36:33 \ft \+bd «خۇدانىڭ گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ»\+bd* ــ ئايۇپ 28-بابتا بوران-چاپقۇن دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭ بىر سەۋەبى بىر بوران-چاپقۇننىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنى بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئېلىخۇنىڭ بوران-چاپقۇننى تەپسىلىي تەسۋىرلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرنىڭ ئۆزىدە بوران (ئەمەلىيەتتە قارا قۇيۇن)نىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈۋاتقىنىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 1:38نى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 37 \s1 ئېلىخۇنىڭ تۆتىنچى بايانىنىڭ داۋامى ــ خۇدانىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى كۆرسەتكەنلىرىنى ئايان قىلىش •••• قارا قۇيۇننىڭ يېقىنلىشىشى \m \v 1 شۇنداق، يۈرىكىممۇ بۇنى ئاڭلاپ تەۋرىنىپ كېتىۋاتىدۇ، \m يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي، دېدى. \m \v 2 مانا ئاڭلىغىنا! ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى، \m ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلا!\f □ \fr 37:2 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان غۇرقىراشلىرى» ياكى «ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈرگىرەشلىرى».\f*  \x + \xo 37:2 \xt زەب. 29‏:3-4\x* \m \v 3 ئۇ ئاۋازىنى ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل يەرگە، \m چاقمىقىنى يەرنىڭ قەرىگىچە يەتكۈزىدۇ. \m \v 4 چاقماقتىن كېيىن بىر ئاۋاز ھۆركىرەيدۇ؛ \m ئۆز ھەيۋىتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇ گۈلدۈرلەيدۇ، \m ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا ھېچ ئايانماي چاقماقلىرىنىمۇ قويۇۋېتىدۇ. \m \v 5 تەڭرى ئاۋازى بىلەن كارامەت گۈلدۈرلەيدۇ، \m بىز چۈشىنەلمەيدىغان نۇرغۇن قالتىس ئىشلارنى قىلىدۇ.\x + \xo 37:5 \xt ئايۇپ 5‏:9؛ 9‏:10؛ 36‏:26\x* \m \v 6 چۈنكى ئۇ قارغا: «يەرگە ياغ!»، \m ھەم ھۆل-يېغىنغا: «كۈچلۈك يامغۇر بول!» دەيدۇ.\x + \xo 37:6 \xt زەب. 147‏:16\x* \m \v 7 ئۇ بارلىق ئىنساننى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلسۇن دەپ، \m ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ؛\f □ \fr 37:7 \ft \+bd «ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ»\+bd* ــ قار ياكى قاتتىق يامغۇر ياغسا، ئادەملەر خىزمەت قىلىشقا سىرتقا چىقالمايدۇ، ياۋايى ھايۋانلارمۇ چىقالمايدۇ. بىز بۇ ئاددىي ئىشتىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بىز «ھەممىگە قادىر» ئەمەسمىز، قولىمىز ھەم بىلىمىمىز چەكلىك، خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى ئالدىدا كەمتەرلەشكىنىمىز تۈزۈك.\f* \m \v 8 ياۋايى ھايۋانلار ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدۇ، \m ئۆز قونالغۇسىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. \m \v 9 بوران-چاپقۇن كوھىقاپتىن كېلىدۇ، \m ھەم سوغۇق-زىمىستان تاراتقۇچى شاماللاردىن كېلىدۇ.\f □ \fr 37:9 \ft \+bd «تاراتقۇچى شاماللار...»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم مەلۇم بىر شامالنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى بولۇشى كېرەك. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «سوغۇق-زىمىستان شىمالدىن كېلىدۇ».\f* \m \v 10 تەڭرىنىڭ نەپىسى بىلەن مۇز ھاسىل بولىدۇ؛ \m بىپايان سۇلار قېتىپ قالىدۇ.\x + \xo 37:10 \xt ئايۇپ 38‏:29، 30؛ زەب. 147‏:17، 18\x* \m \v 11 ئۇ يەنە قويۇق بۇلۇتلارغا مول نەملىك يۈكلەيدۇ، \m ئۇ چاقماق كۆتۈرىدىغان بۇلۇتنى كەڭ يېيىپ قويىدۇ. \m \v 12 ئۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىن يۈزىدە ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، \m ئۇنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ھەرياققا بۇرۇلىدۇ. \m \v 13 ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن، \m ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن، \m ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ \add بۇلۇتلىرىنى\add* كەلتۈرىدۇ.\f □ \fr 37:13 \ft \+bd «ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن، ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن، ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ بۇلۇتلىرىنى كەلتۈرىدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ «ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن» دېگەن بۇ ئىبارىسى سەل سىرلىق. ياغىدىغان يامغۇرنىڭ «تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن» ياكى «ئۆز رەھىمدىللىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن» دېگەننىڭ مەنىلىرى ئېنىق، بىراق «ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن» نېمىنى كۆرىسىتدۇ؟ خۇدانىڭ مەقسەتلىرى ئاۋۋالقى بىرىنچىسى ھەم ئىككىنچىسىدە ئىنسانلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، خۇدانىڭ «ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن» دېگەن مەقسىتىنى ئۇنىڭ ئۆز دۇنياسىدىن ھۇزۇر ئېلىشى ئۈچۈن دېسەك بولامدۇ-بولمامدۇ؟ خۇدانىڭ ھەربىر قىلىدىغان ئىشى ئىنسانلار ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەكمۇ؟ ــ كېيىنكى بابلاردا خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن \+bd بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق\+bd* بىرقانچە ئىشلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. مۇنداق ئىشلارنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق سۆزلەيمىز.\f*  \x + \xo 37:13 \xt مىس. 9‏:18،23؛ 1سام. 12‏:18،19؛ ئەزرا 10‏:9؛ ئايۇپ 36‏:31\x* \m \v 14 ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي، \m تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر.\f □ \fr 37:14 \ft \+bd «ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي، تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر»\+bd* ــ بەلكىم ئۇ ئايۇپنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى بوران-چاپقۇننىڭ كارامەتلىرىنى بايقاشقا ئۈندەيدۇ.\f* \m \v 15 تەڭرىنىڭ بۇلۇتلارنى قانداق سەپتە تۇرغۇزغانلىقىنى بىلەمسەن؟ \m ئۇنىڭ بۇلۇتىنىڭ چاقمىقىنى قانداق چاقتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەمسەن؟ \m \v 16 بۇلۇتلارنىڭ قانداق قىلىپ بوشلۇقتا مۇئەللەق تۇرىدىغانلىقىنى، \m بىلىمى مۇكەممەل بولغۇچىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلەمسەن؟ \m \v 17 ھەي، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يەر-زېمىننى جەنۇبدىكى شامال بىلەن تىنچلاندۇرۇپ، \m سېنى كىيىم-كېچىكىڭنىڭ ئوتتەك ئىسسىتقىنىنى بىلەمسەن؟ \m \v 18 سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاسماننى خۇددى قۇيۇپ چىقارغان ئەينەكتەك، \m مۇستەھكەم قىلىپ يايغانمىدىڭ؟!\x + \xo 37:18 \xt يار. 1‏:6\x* \m \v 19 ئۇنىڭغا نېمىنى دېيىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگىتىپ قويغىن! \m قاراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن بىز دەۋايىمىزنى جايىدا سەپكە قويالمايمىز. \m \v 20 ئۇنىڭغا «مېنىڭ ساڭا گېپىم بار» دېيىش ياخشىمۇ؟ \m ئۇنداق دېگۈچى ئادەم يۇتۇلماي قالمايدۇ! \m \v 21‏-23 ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، \m بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ. \m قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭگى شىمال تەرەپتىنمۇ پەيدا بولىدۇ؛ \m تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دەھشەتلىك ھەيۋەت باردۇر. \m ھەممىگە قادىرنى بولسا، بىز ئۇنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز؛ \m قۇدرىتى قالتىستۇر، ئۇنىڭ ئادالىتى ئۇلۇغ، ھەققانىيلىقى چوڭقۇر، \m شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ.\f □ \fr 37:21‏-23 \ft \+bd «ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزىمۇ سىرلىق. تەرجىمە قىلىش تەس بولغىنى بىلەن، شەرھىمىزچە ئۇ ئايۇپنىڭ ئەھۋالىنى ھازىرقى بۇ بۇلۇتلۇق، تۇتۇق (بوران-چاپقۇنلۇق) كۈنگە ئوخشاتماقچى بولسا كېرەك. خۇدا بۇلۇتلارنى تارقىتىپ تۇيۇقسىز كۆرۈنسە، ئايۇپ قۇياشقا بىۋاسىتە قارىيالمىغانغا ئوخشاش ئۇنىڭغىمۇ قارىيالمايتتى، دېمەكچى. بىراق خۇدانىڭ ھەيۋىتى، كۆركەملىكى ھەممە تەرەپتىن، ھەتتا شىمال تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ، دەيدۇ. ئېلىخۇنىڭ بايانىنىڭ باشقا خىل مەنىلىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 37:21‏-23 \xt ئايۇپ 9‏:4؛ 12‏:13، 16؛ 36‏:5؛ زەب. 93‏:1؛ 99‏:4\x* \m \v 24 شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ \m كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ».\f □ \fr 37:24 \ft \+bd «شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسىمۇ بار: ــ «شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ ئۇ كۆڭلىدە دانالىق بارلارغا ئېتىۋار قىلامدۇ؟» ۋە ياكى «شۇڭا، ئادەملەر، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! شۈبھىسىزكى، كۆڭلىدە دانالىق بارلار ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ!».\f* \b \b \m \c 38 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئايۇپقا جاۋاب بېرىدۇ ــ ئايۇپنىڭ سوئاللىرىنىڭ يەشمىسى \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟\f □ \fr 38:2 \ft \+bd «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سوئالى كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ كېيىنكى 42-بابتا ئايۇپمۇ سوئالغا جاۋابەن: «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟ شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەنمىگەنلىرىمنى دەپ سالدىم، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتىپ تاشلىدىم» دەپ جاۋابكارلىقنى ئۆزىگە ئالىدۇ. ئايۇپ ئۆزى شۇنداق دېگىنى بىلەن، خۇدا بۇ سۆزنى قىلغاندا ئاخىرقى قېتىمقى سۆزلىگۈچى ئېلىخۇ ئىدى. كۆرگىنىمىزدەك ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى دەل جايىدا ئېيتىلغان، ھەتتا بېشارەت بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭمۇ سۆزىدە خاتالىق ئاز ئەمەس. دوستلارنىڭ سۆزلىرىدىمۇ خاتالىق كۆپ ئىدى. شۇڭا بىز خۇدانىڭ بۇ سۆزى ئايۇپ، ئېلىخۇ ۋە ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىدىن ئىبارەت بەشەيلەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 38:2 \xt ئايۇپ 42‏:3\x* \m \v 3 ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ \m شۇندا مەن سەندىن سوراي، \m ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل!\f □ \fr 38:3 \ft \+bd «ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا»\+bd* ــ «ھەقىقىي ئەركەك» ياكى «ھەقىقىي ئوغۇل بالا» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى خۇدا ئالدىدا تۇرغاندىلا ئاندىن بىلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشتىن باش تارتقان كىشى ئەركەك ئەمەستۇر.\f* \m \v 4 مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ \m بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر.\x + \xo 38:4 \xt پەند. 8‏:29\x* \m \v 5 كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟ \m ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟ \m كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟ \m \v 6‏-7 تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا، \m خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا، \m يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟ \m كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟\f □ \fr 38:6‏-7 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»\+bd* ــ 1-بابتىكى ئىزاھاتىمىزدەك، بەلكىم مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار» بولسا بىزنىڭچە ئوخشاشلا پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ يۇلتۇزلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى باردۇر.\f* \m \v 8 بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، \m كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟\x + \xo 38:8 \xt يار. 1‏:9؛ ئايۇپ 26‏:10؛ زەب. 33‏:7؛ 104‏:6-9؛ پەند. 8‏:29؛ يەر. 5‏:22\x* \m \v 9 مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا، \m ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا، \m \v 10 مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا، \m ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا، \m \v 11 يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، \m سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟\f □ \fr 38:11 \ft \+bd «سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن»\+bd* ــ دېڭىز-ئوكيانلار ھەم يەر-زېمىننىڭ ئارىلىقىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نازۇك بىر ئىش. يەر يۈزىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى دېڭىز. گېئولوگىيە ئىلمى دۇنيايىمىزنىڭ ئىلگىرى پۈتۈنلەي دېڭىز ئاستىدا ياتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمدا خۇدانىڭ يەر-زېمىننى دېڭىزدىن ئېگىزلىتىشى ھەم دېڭىزدىن ئايرىۋېتىشى خاتىرىلەنگەن. نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى كەلكۈندىن كېيىن خۇدا دۇنيانى ئاخىرەتكىچە ئىككىنچى قېتىم ئاشۇنداق دۇنياۋىي كەلكۈن بىلەن چۆمۈلدۈرمەيمەن، دەپ ئىنسانىيەتكە ۋەدە بەرگەن.\f* \m \v 12 سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟ \m سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟ \m \v 13 سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، \m شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟\f □ \fr 38:13 \ft \+bd «سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ تۇتقۇزۇپ». \+bd «سەن ... سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... سەن شۇنداق قىلىپ، سەھەر نۇرىغا يەر يۈزىنىڭ بۇرجەكلىرىنى تۇتقۇزۇپ، رەزىللەرنى زېمىندىن سىلكىپ تاشلاتقۇزىۋەتكەنمۇسەن؟» (بۇ خىل تەرجىمە توغرا بولسا، يەر-زېمىن يوتقانغا ئوخشىتىلىدۇ؛ نۇرنىڭ كېلىشى خۇددى يوتقاننى سىلكىگەندەك، رەزىللەرنى قوغدايدىغان قاراڭغۇلۇقنى يوقىتىدۇ).\f* \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛ \m كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛\f □ \fr 38:14 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ»\+bd* ــ كېچىدە ھەربىر نەرسىنىڭ شەكلى ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەر يەرنىڭ شەكلى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ.\f* \m \v 15 ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ \m كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 38:15 \ft \+bd «ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، رەزىللەر ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق ئۇلارنىڭ «نۇر»ى، «كۈندۈز»ى، يەنى «خىزمەت قىلىش» ۋاقتى بولىدۇ. تاڭ سەھەر كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «نۇرى» ئېلىپ كېتىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار يامان ئىشلارنى قىلىۋەرمەيدۇ، بەلكى جازالاشقا ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز يەنە قىيامەت كۈنىنىڭ نۇرىنىڭ كېلىشى بىلەن، ھازىرقى گۇناھلىق دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن بىر بېشارەت بولسا كېرەك.\f* \m \v 16 دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ \m ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟ \m \v 17 ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟ \m ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟ \m \v 18 ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟ \m ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل! \m \v 19 نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟ \m قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟ \m \v 20 سەن \add بۇنى بىلىپ\add* ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟ \m ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟ \m \v 21 ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن، \m كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر! \m \v 22 قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ. \m مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ \m \v 23 بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، \m جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم.\f □ \fr 38:23 \ft \+bd «بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم»\+bd* ــ 22- ھەم 23-ئايەتتە خۇدانىڭ قار ۋە مۆلدۈرنى ئادەملەرنىڭ رەزىللىكىنى چەكلەشكە ۋە ياكى ئىنسانغا تەربىيە بېرىشكە قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.\f* \m \v 24 چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟ \m شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟ \m \v 25 يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟ \m گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟\f □ \fr 38:25 \ft \+bd «يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟»\+bd* ــ يامغۇرنىڭ يەر يۈزىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە چۈشىدىغانلىقىنى، باشقا بىر يېرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى خۇدا ئاۋۋال ئالاھىدە بېكىتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 26 شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە، \m ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟ \m \v 27 شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ، \m ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟\f □ \fr 38:27 \ft \+bd «يامغۇر ... ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلىدۇ... ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ (26-27-ئايەت)»\+bd* ــ خۇدانىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدۇ ھەم ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. ھازىرقى تەبىئىي پەنلەرگە ئاساسەن بىلىمىزكى، ئەسلىدە كېرەكسىز دەپ قارالغان ھايۋانلار ھەم ئۆسۈملۈكلەر تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئاسراشقا تولىمۇ كېرەك. دۇنيادىكى بەزى كىچىككىنە ئىشلار تەبىئىي مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خۇدا ئايۇپقا: «مەن ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋاندا ئۆسكەن گۈل-گىياھلارنىڭ گۈزەللىكىدىن (مەيلى ساڭا ھېچ ئەھمىيەتسىز بولسىمۇ) ھۇزۇر ئالغۇم بولسا، سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ۋە مەن ئەگەر سەن كۆرەلمەيدىغان ھەم مەقسىتىمنى چۈشەنمەيدىغان شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىدا قىلغانلىرىمنى چۈشەنمىگەن بولساڭمۇ، سېنىڭ باشقا ئىشلىرىڭدا كۆرسەتكەن مۇھەببىتىمگە قاراپ ماڭا تايىنىپ ئىشەنسەڭ بولمامدۇ؟ ئەگەر بۇ ئىشلار پەقەت ئۆزۈمنىڭلا رازىلىقىم ئۈچۈن بولسا سەنمۇ رازى بولامسەن؟» ــ دېگەندەك بولسا كېرەك. \fp بىز ئاخىردا بۇ تېمىدا يەنە توختىلىپ ئۆتىمىز.\f*  \x + \xo 38:27 \xt زەب. 107‏:35\x* \m \v 28 يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ \m شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟ \m \v 29 مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟ \m ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟ \m \v 30 شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ، \m چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. \m \v 31 «قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟ \m ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟\f □ \fr 38:31 \ft \+bd «قەلب يۇلتۇزلار توپى»\+bd* ــ بۇ تۈركۈمنىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ دەرۋەقە بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرۇشىدا سىرلىق بىر كۈچ بار. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بەزى يۇلتۇزلارنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان سىرلىق كۈچىمۇ بار.\f*  \x + \xo 38:31 \xt ئايۇپ 9‏:9؛ ئام. 5‏:8\x* \m \v 32 «ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟ \m «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟\f □ \fr 38:32 \ft \+bd «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»\+bd* ــ بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى «يەتتە قاراقچى» ياكى «يەتتە قوزۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f* \b \m \v 33 ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ \m ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟\x + \xo 38:33 \xt يەر. 31‏:35\x* \m \v 34 سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ، \m يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟ \m \v 35 سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟ \m ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟ \m \v 36 ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟ \m ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟\x + \xo 38:36 \xt ئايۇپ 32‏:8؛ توپ. 2‏:26؛ دان. 1‏:17\x* \m \v 37 بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟ \m ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟ \m \v 38 بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان، \m چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟ \b \m \s1 ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتلىق سىرلىرى \m \v 39 «چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن، \m شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟\x + \xo 38:39 \xt زەب. 104‏:21\x* \m \v 40 ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا، \m چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، \add سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن\add*؟ \m \v 41 يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا، \m بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە، \m تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟ \x + \xo 38:41 \xt زەب. 147‏:9؛ مات. 6‏:26\x* \b \b \m \c 39 \s1 ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتلىق سىرلىرى ــ داۋامى \m \v 1 سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ \m جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟\x + \xo 39:1 \xt زەب. 29‏:9\x* \m \v 2 ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟ \m ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ \m \v 3 ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ، \m ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛ \m \v 4 ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ، \m ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، \add ئانىسىنىڭ\add* يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ.\f □ \fr 39:4 \ft \+bd «ئۇلار (ياۋا ئۆچكىلەر) دالادا ئۆسۈپ، ئانىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ»\+bd* ــ كېيىنكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى سۆھبىتىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟ \m شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟\f □ \fr 39:5 \ft \+bd «شاش ئېشەك»\+bd* ــ بۇ بەلكىم «ياۋا ئېشەك»نىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى بولۇشى مۇمكىن. ئەرەبلەر ئۇنى ياۋايى ھايۋانلار ئارىسىدا قوغلاپ تۇتۇش ئەڭ قىيىن دەپ قارايدۇ. \+bd «نوختىلىرى»\+bd* ــ ياكى «ئاسارەتلىرى».\f* \m \v 6 چۆل-باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن، \m شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن.\x + \xo 39:6 \xt ئايۇپ 24‏:5؛ يەر. 2‏:24\x* \m \v 7 ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛ \m ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. \m \v 8 ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ، \m شۇ يەردىكى ھەممە گۈل-گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. \m \v 9 ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟ \m سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟\f □ \fr 39:9 \ft \+bd «ياۋا كالا» \+bd*\+bdit ياكى «ئاۋراق»\+bdit* ــ ئەپسۇس، بىز ھازىر بۇ ھەيۋەتلىك ھايۋانلارنى كۆرەلمەيمىز. 1627-يىلى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرىغان. بۇ ھايۋان ناھايىتى يوغان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ھايۋانلاردىن پەقەت پىل ۋە سۇ ئېتىلا بار ئىدى. ئۇنى بويۇنتۇرۇققا چېتىپ ئىشقا سېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە!\f* \m \v 10 ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! \m ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟ \m \v 11 ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟ \m ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟ \m \v 12 دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ \m «\add دانلىرىمنى\add* خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟ \b \m \s1 تۆگىقۇش \m \v 13 تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، \m بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟ \f □ \fr 39:13 \ft \+bd «تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟»\+bd* ــ بىزنىڭ تەرجىمىمىز توغرا بولسا ئۇ «تۆگىقۇشنىڭ چىرايلىق قاناتلىرى بولغىنى بىلەن، ئۇ ھېچ ئۇچالمايدۇ، لەيلەك چىرايلىق ئۇچىدۇ» دېگەن مەنىدە (لەيلەك بولسا چوڭ، ئالىچىپار، كۈچلۈك بىر قۇش). \fp يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرى مېھرىبانلىقنى بىلدۈرەمدۇ؟»، يەنى «تۆگىقۇشنىڭ قاناتلىرى مېھرىبانلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز تۇخۇملىرىنى يەرگە سالغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بەزىدە كارى بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. \fp تۆگىقۇش توغرۇلۇق كېيىنكى سۆھبىتىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، \m تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ. \m \v 15 ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى، \m دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. \m \v 16 بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، \m بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ.\f □ \fr 39:16 \ft \+bd «بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ»\+bd* ــ ئەگەر باشقا ھايۋانلار تۆگىقۇشنىڭ ئۇۋىسىنى بايقاپ قالغان بولسا، تۆگىقۇش ئۇلار تۇخۇملىرىمنى يېمىسۇن دەپ، بەزىدە ئۆزى تۇخۇملىرىنى دەسسەپ چېقىۋېتىدۇ. \fp كېيىنكى سۆھبىتىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان، \m ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن. \m \v 18 ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، \m ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ. \f □ \fr 39:18 \ft \+bd «ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ»\+bd* ــ تۆگىقۇش ئىنتايىن تېز يۈگۈرەلەيدۇ، چۆلدە ياكى قۇملۇقتا بولسا ئاتتىن ئىتتىك ماڭالايدۇ. ئۇنى ئوۋلاش ئىنتايىن تەس.\f* \b \m \s1 ئات \m \v 19 سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟ \m سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟ \m \v 20 سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان، \m چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟ \m \v 21 ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ-زوخچۇپ، \m ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، \m قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. \m \v 22 ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ، \m ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛ \m قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ. \m \v 23 ئوقدان، جۇلالىق نەيزە، \m گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ، \m \v 24 ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ، \m \add جەڭ\add* كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن-قىنىغا پاتماي كېتىدۇ. \m \v 25 كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ: «ئايھاي!» دەيدۇ، \m ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ. \m ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. \b \m \s1 سار ۋە بۈركۈت \m \v 26 سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، \m قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟\f □ \fr 39:26 \ft \+bd «سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟»\+bd* ــ بۇ ئايەت، بەلكىم، سارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 27 بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ، \m ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟\x + \xo 39:27 \xt يەر. 49‏:16؛ ئ‍وب. 4\x* \m \v 28 ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ، \m ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ، \m تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ. \m \v 29 شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ، \m كۆزلىرى يىراق-يىراقلارنى كۆزىتىدۇ. \m \v 30 ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛ \m ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ». \f □ \fr 39:30 \ft \+bd «ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ»\+bd* ــ بۈركۈت ھەم سار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «مات.» 28:24نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 39:30 \xt مات. 24‏:28؛ لۇقا 17‏:37\x* \b \b \m \c 40 \s1 پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە سۆز قىلىدۇ \m \v 1 پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ \m \v 2 «ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟ \m تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى.\f □ \fr 40:2 \ft \+bd «تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!»\+bd* ــ ئايۇپ خۇدانى ھەقىقەتەن (ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىپ) ئەيىبلىگەن. بىراق خۇدا ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئۈچ دوستنىڭ چىرايلىق گېپىدىن ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلاتتى.\f* \m \v 3 ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ \m \v 4 «مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛ \m ساڭا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ \m قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىپ گەپتىن قالاي؛\x + \xo 40:4 \xt زەب. 39‏:9-10\x* \m \v 5 بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛ \m شۇنداق، ئىككى قېتىم دېسەم مەن قايتا سۆزلىمەيمەن» ــ دېدى. \f □ \fr 40:5 \ft \+bd «بىر قېتىم دېدىم.... ئىككى قېتىم دېسەم...»\+bd* ــ ئايۇپنىڭ بۇ كەمتەرلىك سۆزى بەلكىم «مېنىڭ سۆزلىرىم كۆپلىكىدىن ئاللىبۇرۇن چەكتىن ئېشىپ كەتتى» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگار كىنايىلىك سۆز قىلىدۇ \m \v 6 ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 7 «ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا، \m ئاندىن مەن سەندىن سوراي؛ \m سەن مېنى خەۋەردار قىلغىن. \m \v 8 سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟ \m سەن ئۆزۈڭنى ھەققانىي قىلىمەن دەپ، مېنى ناتوغرا دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇسەن؟\x + \xo 40:8 \xt زەب. 51‏:4، 6؛ رىم. 3‏:4\x* \m \v 9 سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك \add كۈچلۈك\add* بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟ \m سەن ئۇنىڭدەك ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرلىيەلەمسەن؟ \m \v 10 قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال! \m ھەيۋەت ھەم كۆركەملىك بىلەن ئۆزۈڭنى كىيىندۈرۈپ، \m \v 11 غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، \m شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، \m ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن.\f □ \fr 40:11 \ft \+bd «غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن»\+bd* ــ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەم غەزىپى پەقەتلا ھەققانىي مەقسەتتە بولىدۇ، ھەرگىز خالىغانچە پەقەت ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىي «ئىبادەت»ىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس. مەسىلەن، مۇشۇ يەردە تەكەببۇرلارنى دەرھال ھالاك قىلىش ئەمەس، ئۇلارغا سەۋر-تاقىتىنى كۆرسىتىپ، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ ئاۋۋال: «تەكەببۇرلارنى پەسلەشتۈرۈش»تە ئىشلىتىلىدۇ.\f* \m \v 12 راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، \m ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، \m رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!\f □ \fr 40:12 \ft \+bd «راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!»\+bd* ــ خۇدا ئايۇپنى ئۆز ئالىمىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئايۇپ بۇ ئورۇندا ئولتۇرغىنىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرالامدۇ، چىقىرالمامدۇ؟ بۇ ئىش پەقەتلا كۈچ-قۇدرەت مەسىلىسى ئەمەس. ئادەمدە «تەكەببۇرلار»نى پەسلەشتۈرۈپ، «رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىلىپ» جازالىغۇدەك دانالىقمۇ بولمىسا، ھەممە ئىشنى بىلگەن بولمىسا ۋە پۈتۈنلەي ئادىل بولمىسا بولمايدۇ. خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ يەر يۈزىگە ھۆكۈم سۈرۈشىدە ئۆز مەقسىتى ھەم پىلانى بار. ئەمدى ئۇنىڭ بۇ پىلانىنى چۈشەنمىسە، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق بىلمىسە، خاتا ھۆكۈم چىقارماي قالمايدۇ. خۇدا توغرۇلۇق ئىنجىلدا دېيىلگەندەك: «رەببىمىز ئۆز ۋەدىسىنى (يەنى رەزىللىكنى جازالاش، ئۆزىنىڭ ھەققانىي قىلغان كىشىلىرىنى ئۆز يېنىغا ئېلىشقا بولغان ۋەدىسىنى) ئورۇنداشنى (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا» («2پېت.» 9:3). يامانلارنىڭ كېيىنرەك توۋا قىلىشىنى كىم بىلەلەيدۇ؟ بۇنى بىلىدىغان پەقەت خۇدادۇر. ئايۇپنىڭ قىيامەت كۈنىدىن ئاساسەن خەۋىرى يوق، ھەم خۇدا مۇشۇ يەردە ئۇنىڭغا ئۇ توغرىسىدا ھېچنەرسە دېمىگەن.\f* \m \v 13 ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي، \m يوشۇرۇن جايدا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كېپەن بىلەن ئېتىپ قويغىن؛ \m \v 14 شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى، \m «ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!». \b \m \s1 بېگېموتتىن ئالغان ساۋاق \m \v 15 مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛ \m ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ.\f □ \fr 40:15 \ft \+bd «بېگېموت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى بىر سۆز. ئۇيغۇر تىلىغا بۇ سۆز ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، «سۇ ئېتى» دېگەن ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ. بىراق مۇشۇ ئايەتلەر تەسۋىر قىلغان ھايۋان «سۇ ئېتى» ئەمەس. مەسىلەن، 16-ئايەتتە ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ كېدىر دەرىخىدەك چوڭ ھەم ئۇزۇن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. 19-ئايەتتە ئۇنىڭ ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ ــ دېمەك، ئۇ بىرخىل ئىنتايىن چوڭ ئوتخور ھايۋان. ئۇنىڭ توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى يىغىپ، يەكۈن چىقارساق، ھازىر نەسلى قۇرىغان «برونتوساۋر»نى (دىنوزاۋرنىڭ بىر تۈرى) كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ زور چوڭ ھايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتر، ئېغىرلىقى 100 توننا چىقاتتى. ھازىرقى زاماندىكى ئالىملارنىڭ بولسا بەلكىم بۇ خۇلاسىگە قارشى چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغىنى بىلەن، بۇ تەسۋىر ئۆزى ئايۇپنىڭ دەۋرىدە بۇ ئاتالمىش «تارىخنىڭ ئىلگىرى»دىكى ھايۋاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغانلىقىغا قالتىس ئىسپات كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 16 مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى، \m قورساق مۇسكۇللىرىدىكى قۇدرىتىنى ھازىر كۆرۈپ قوي! \m \v 17 ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ، \m ئۇنىڭ يوتىلىرىدىكى سىڭىرلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇپ قويۇلغان. \m \v 18 ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر، \m پۇت-قوللىرى تۆمۈر چوقماقلارغا ئوخشايدۇ. \m \v 19 ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر، \m پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ.\f □ \fr 40:19 \ft \+bd «پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى چۈنىشىش تەس. باشقا خىل تەرجىمىسىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 20 تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛ \m ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا دالادىكى ھەربىر ھايۋانلار ئوينايدۇ. \m \v 21 ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، \m قومۇشلۇق ھەم سازلىقنىڭ سالقىنىدا ياتىدۇ. \m \v 22 سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛ \m ئۆستەڭدىكى تاللار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. \m \v 23 قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛ \m ھەتتا ئىئورداندەك بىر دەريامۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆركەشلەپ ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىدۇ. \m \v 24 ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تۇتقىلى بولامدۇ؟ \m ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟ \f □ \fr 40:24 \ft \+bd «...ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟»\+bd* ــ بېگېموتنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 41 \s1 لېۋىئاتاندىن ئالغان ساۋاق \m \v 1 لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ \m ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن \add باغلاپ\add* باسالامسەن؟\f □ \fr 41:1 \ft \+bd «لېۋىئاتان»\+bd* ــ يۇقىرىقى 3-باب، 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ \m ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ \m \v 3 ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ \m ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟ \m \v 4 ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، \m شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟ \m \v 5 سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ \m دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟ \m \v 6 تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ \m ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ \m \v 7 سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ \m ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟! \m \v 8 قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، \m بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن! \m \v 9 مانا، «\add ئۇنى بويسۇندۇرىمەن\add*» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ \m ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ \m \v 10 ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ \m ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟\f □ \fr 41:10 \ft \+bd «ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟»\+bd* ــ لېۋىئاتان ئىنسانغا ئۆگىتىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىش خۇدانىڭ ئۆز ھەيۋىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشتۇر؛ ئىنسانلار لېۋىئاتاننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھەم تىلسىم كۆركەملىكىگە قاراپ خۇدادىن ئەيمىنىشى كېرەكتۇر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.\f* \m \v 11 ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، \m مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، \m مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟\f □ \fr 41:11 \ft \+bd «مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ماڭا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بەرگەنىكەن، ئاندىن «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن؟».\f*  \x + \xo 41:11 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ زەب. 24‏:1؛ 50‏:12؛ رىم. 11‏:35؛ 1كور. 10‏:26، 28\x* \m \v 12 \add لېۋىئاتاننىڭ\add* ئەزالىرى، \m ئۇنىڭ زور كۈچى، \m ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، \m مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. \m \v 13 كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ \m كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟\f □ \fr 41:13 \ft \+bd «...كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟»\+bd* ــ باشقا نەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار، مەسىلەن: ــ «... كىم ئۇنىڭ ئىككى قۇر چىشلىرى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟» ياكى «... كىم ئۇنىڭغا يۈگەننى يېقىنلاشتۇرالىسۇن؟».\f* \m \v 14 كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ \m ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ. \m \v 15 قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، \m ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى،\f □ \fr 41:15 \ft \+bd «قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ پۈتۈن دۈمبىسى قاسىراقلاردۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى...»\f* \m \v 16 بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ. \m \v 17 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ \m بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر. \m \v 18 ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، \m ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر. \m \v 19 ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ \m ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ. \m \v 20 قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، \m ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛ \m \v 21 ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، \m ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ. \m \v 22 بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، \m ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ. \m \v 23 ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ \m ئۈستىدىكى \add قاسىراقلىرى\add* يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ. \m \v 24 ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، \m ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ. \m \v 25 ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ \m ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.\f □ \fr 41:25 \ft \+bd «ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 26 بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ \m نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر. \m \v 27 ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، \m مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ. \m \v 28 ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ \m سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ. \m \v 29 توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ \m ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ.\f □ \fr 41:29 \ft \+bd «شەشبەر»\+bd* ــ بېشى تىكەندەك بولغان ئۇزۇن بىرخىل نەيزە.\f* \m \v 30 ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ \m ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ.\f □ \fr 41:30 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا، بەئەينى قىيىق تاشلاردۇر».\f* \m \v 31 ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ \m ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛ \m \v 32 ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ \m ئادەم \add بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ\add* چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ. \m \v 33 يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، \m ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان. \m \v 34 ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا \add جۈرئەت بىلەن\add* نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ \m ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر». \f □ \fr 41:34 \ft \+bd «ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بارلىق مەغرۇر بولغۇچىلارنىڭ پادىشاھىدۇر». \fp ئوقۇرمەنلەرنىڭ لېۋىئاتاندىن ئالغان ساۋاقلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»دىكى سۆھبىتىمىزنى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.\f* \b \b \m \c 42 \s1 پەرۋەردىگارغا سىرداش دوست بولۇش \m \v 1 ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 «ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى، \m ھەرقانداق مۇددىئايىڭنى توسىۋالغىلى بولمايدىغىنىنى بىلدىم! \m \v 3 «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» \m بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم، \m مەن ئەقلىم يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتتىم.\f □ \fr 42:3 \ft \+bd ««نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم...»\+bd* ــ ئايۇپ خۇدانىڭ (2:38) سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە، خۇدانىڭ ئۆزىگە ئەسلى تەنبىھ بەرگەن سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىپ خاتالىقىنى ئىقرار قىلىپ، جاۋاب بېرىپ: ــ «مەن!» دېگەندەك، ئۆزىگە بۇ جاۋابكارلىقنى ئالىدۇ. بىراق يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ئۈچ دوستى ھەم ئېلىخۇمۇ ئوخشاشلا «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن» ئىدى، دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 42:3 \xt ئايۇپ 38‏:2؛ زەب. 40‏:5؛ 131‏:1؛ 138‏:6؛ 139‏:6\x* \m \v 4 ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ \m مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن. \m \v 5 مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن، \m بىراق ھازىر كۆزۈم سېنى كۆرىۋاتىدۇ.\f □ \fr 42:5 \ft \+bd «ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن»\+bd* ــ بەزى شەرھچىلەر بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭكى (3:38، 7:40)، ئايۇپ پەقەت ئۇلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە ئايۇپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىكى گېپى قىلىپ ئىشلىتىدۇ.\f* \m \v 6 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم». \f □ \fr 42:6 \ft \+bd «توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم»\+bd* ــ قەدىمدە قاتتىق توۋا قىلىش، پۇشايمان قىلىش، ماتەم تۇتۇشلار «توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا» ئولتۇرۇش ئارقىلىق بىلدۈرۈلەتتى.\f* \b \m \s1 ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش \m \v 7 پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار تېمانلىق ئېلىفازغا مۇنداق دېدى: ــ \m «مېنىڭ غەزىپىم ساڭا ھەم ئىككى دوستۇڭغا قاراپ قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار.\f □ \fr 42:7 \ft \+bd «مېنىڭ غەزىپىم ... قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار»\+bd* ــ خۇدانىڭ بۇ سۆزى، بولۇپمۇ «مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپ \+bd مېنىڭ\+bd* توغرامدا توغرا سۆزلىگەن» دېگىنى، بىزگە ئاچقۇچ بولۇپ، ئۈچ دوستنىڭ ۋە ئايۇپنىڭ بايانلىرىدىن توغرا ۋە ناتوغرا يەرلىرىنى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينىغۇسى.\f* \v 8 بىراق ھازىر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يەتتە تورپاق ھەم يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، قۇلۇم ئايۇپنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن؛ بولمىسا، مەن ئۆز نادانلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەي؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك توغرا سۆزلىمىدىڭلار».\f □ \fr 42:8 \ft \+bd «قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ»\+bd* ــ روشەنكى، خۇدا ئايۇپقا ئىشىنىدۇ، كۆزى ئايۇپنىڭ دوستى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا رازى بولىدىغانلىقىغا يېتىدۇ.\f* \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار ئۈچەيلەن بېرىپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا دېگىنىدەك قىلدى؛ ھەمدە پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى. \f □ \fr 42:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پەرۋەردىگار ئايۇپنى ئەسىرلىكىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى».\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى. \f □ \fr 42:11 \ft \+bd «ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۆمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى»\+bd* ــ ئاشۇ ۋاقىتتا بەلكىم تەڭگە-تىللادەك پۇل يوق، پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش پارچىلىرى بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 12 پەرۋەردىگار ئايۇپقا كېيىنكى كۈنلىرىدە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى؛ ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، بىر مىڭ قوشلۇق كالىسى، بىر مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى. \v 13 ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى. \f □ \fr 42:13 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى»\+bd* ــ پەرۋەردىگار ئايۇپقا «تىرىلىش» توغرۇلۇق بىۋاسىتە ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. بىراق تېكىستتە (10-ئايەت) مۇنداق دېيىلىدۇ: ــ «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى». ھايۋانلارنىڭ سانى بولسا ئىككى ھەسسە دەرىجىدە كۆپەيتىلدى. مەسىلەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قويى بار ئىدى؛ ھازىر ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى بار بولدى، قاتارلىقلار. بىراق ئەسلىدە ئۇنىڭ «ئون بالىسى، يەنى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى» بار ئىدى؛ ھازىر بولسا ئۇنىڭ ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بار بولۇش كېرەكقۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ قىيامەت كۈنىدە قايتىدىن ئەسلىدىكى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى بىلەن جەم بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ھەقىقەتەن ئون بالىلىقلا ئەمەس، بەلكى يىگىرمە بالىلىق بولىدۇ. ئايۇپ يېڭى بالىلىرىنىڭ ئونىنچىسى بىلەن توختاپ قېلىشى بىلەن، بەلكىم بۇ «ئىككى ھەسسە» دېگەن ئىش كەلگۈسىدە چوقۇم بىر تىرىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەن ئەسلىدىكى ئون سۆيۈملۈك بالامدىن پەقەت ۋاقىتلىق ئايرىلدىم، دەپ ئويلاشقا باشلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا بىزنىڭچە تىرىلىش توغرۇلۇق بۇ ئىشلاردىن بېشارەت ئالدى. \fp دېمەك، «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى» ــ قىيامەت كۈنى ئايۇپ ئۇلارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى بىلەنلا يەنىلا خۇشاللىق بىلەن ئۇلار بىلەن جەم بولۇپ، ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بىلەن دىدارلىشىپ، «يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن»دا بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.\f* \v 14 ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى. \f □ \fr 42:14 \ft \+bd «يېمىماھ»\+bd* ــ «پاختەك» دېگەن مەنىدە. \fp «كەزىيە» ــ «دارچىن» (خۇشپۇراقلىق بىر خىل ئەتىر) دېگەن مەنىدە. \fp «كەرەن-خاپۇق» ــ «سۈرمە مۈڭگۈز» (سۈرمىگە تولغان بىر مۈڭگۈز) دېگەن مەنىدە.\f* \v 15 پۈتكۈل زېمىندا ئايۇپنىڭ قىزلىرىدەك شۇنچە گۈزەل قىزلارنى تاپقىلى بولمايتتى؛ ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى.\f □ \fr 42:15 \ft \+bd «ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى»\+bd* ــ بەلكىم يېڭى ئائىلىسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش، ياكى ئۇنىڭ ھازىرقى بايلىقلىرىنىڭ موللۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.\f* \m \v 16 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن. \v 17 شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ ياشىنىپ، كۈنلىرىدىن قانائەت تېپىپ ئالەمدىن ئۆتتى.