\id JHN \h يۇھاننا \toc1 يۇھاننا \toc2 يۇھاننا \toc3 يـۇھ. \mt1 يۇھاننا \c 1 \s1 «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• ئەيسا مەسىھنىڭ ئەينى سالاھىيىتى ــ «خۇدانىڭ كالامى»دۇر \m \v 1 مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «مۇقەددەمدە»\+bd* ــ باشقا بىر ئىپادىلىنىشى «ھەممىدىن بۇرۇن» («ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا») كالام (ئاللىقاچان) بار ئىدى».  \+bd «كالام»\+bd* ــ «سۆز»، شۇنداقلا «خۇدانىڭ سۆزى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ بىر نامىدۇر؛ كۆرسىتىدىغان مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇردۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.  \+bd «كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «بىلەن بىللە» دېگەن گرېك تىلىدا يەنە «ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە»، «(خۇداغا) قاراپ ئۇنى سۆيىدىغان» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىدۇ. \+bd «ھەم كالام خۇدا ئىدى»\+bd* ــ بۇ مۇھىم بايان كالامنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:1 \xt پەند. 8‏:22؛ كول. 1‏:17؛ 1يۇھ. 1‏:1، 2.\x* \v 2 ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى.\x + \xo 1:2 \xt يـۇھ. 17‏:5. \x* \v 3 ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس»\+bd* ــ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كالام ئۆزى ھېچ يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن خۇدا بىلەن بىللە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر. «يارىتىلغان» گرېك تىلىدا، مۇشۇ يەردە «بارلىققا كەلتۈرۈلگەن» «ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك باشقا خىل ئىپادىلىنىشى: ــ «ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولدى ۋە بولغان نەرسىلەردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭسىز بولمىدى».\f*  \x + \xo 1:3 \xt يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16؛ ئىبر. 1‏:2. \x* \v 4 ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى»\+bd* ــ ياكى «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارنىڭ نۇرى ئىدى».\f*  \x + \xo 1:4 \xt يـۇھ. 5‏:26؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ 1يۇھ. 1‏:5؛ 2‏:8-11؛ 5‏:11.\x* \v 5 ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ چۈشەنگەن ئەمەس» ياكى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:5 \xt يـۇھ. 3‏:19. \x* \m \v 6 بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىر ئادەم خۇدادىن ئەۋەتىلدى».  \+bd «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى»\+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «يۇھاننا» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:6 \xt مال. 3‏:1؛ مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2، 4؛ لۇقا 3‏:3؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:33. \x* \v 7 ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى. \v 8 \add يەھيانىڭ\add* ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. \m \v 9 ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر، دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى»\+bd* ــ «كېلىۋاتقانىدى» دېگەننى قانداق يول بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ بىزنىڭچە، بۇ بىر جەرياننى كۆرسىتىدۇ ــ يەنى بەلكىم ئاۋۋال مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا پەيدا بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئاندىن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىكە كىرىش جەريانى ئارقىلىق «كېلىۋاتاتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ بولسا دۇنياغا كېلىدىغان ھەربىر ئىنساننى يورۇتىدىغان ھەقىقىي نۇردۇر».\f*  \x + \xo 1:9 \xt يـۇھ. 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46. \x* \v 10 ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. \x + \xo 1:10 \xt ئىبر. 1‏:2؛ 11‏:3. \x* \v 11 ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى»\+bd* ــ «ئۆزىنىڭكىلەر» دېگەنلىك ئالەم ۋە ئۇنىڭدا بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىسى مەسىھنىڭكىدۇر، چۈنكى خۇدا ئالەمنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئارقىلىق ياراتقانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانىدى. \+bd «ئۆز خەلقى»\+bd* ــ ئىسرائىل خەلقى، يەنى يەھۇدىي خەلقى ــ گرېك تىلىدا «ئۆزىدىكىلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 12 شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. \x + \xo 1:12 \xt يەش. 56‏:5؛ رىم. 8‏:15؛ گال. 3‏:26؛ 2پېت. 1‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:1. \x* \v 13 ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ»\+bd* ــ \fp (1) «قاندىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» (گرېك تىلىدا «قانلاردىن ئەمەس») ــ دېمەك، مەلۇم بىر مىللەتتىن بولغانلىقىدىن ئەمەس. مەسىلەن، بەزى ئادەملەر: «مەن خۇدا ئالاھىدە تاللىغان خەلق بولغان يەھۇدىيلاردىن (ياكى «كاھىن ئائىلىسى» قاتارلىقلاردىن) بولغاچقا خۇدانىڭ پەرزەنتىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ («روس.» 26:17نى كۆرۈڭ). \fp (2) «ئەتلەردىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشىش-تىرمىشىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆپ ئادەملەر: «مەن خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. \fp (3) «ئىنساننىڭ (گرېك تىلىدا «ئەركەك ئىنسان»نىڭ) خاھىشىدىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىنسان (مەيلى پەيغەمبەر، مەيلى كاھىن مەيلى جامائەتتىكى بىرەر ئەرباب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)، باشقا بىر ئىنساننى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېچكىم «ئۆز ئىرادىسى بىلەن» ئۆزىنى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. \fp (4) «خۇدادىن تۆرىلىش»، يەنى «قايتا تۇغۇلۇش» توغرۇلۇق 3:1-22-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر. \f □ \fr 1:14 \ft \+bd «كالام ئىنسان بولدى»\+bd* ــ «ئىنسان» مۇشۇ يەردە «ئەت ئىگىسى» ياكى «تەن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «كالام تەن (ئەت) بولدى ۋە ئارىمىزدا چېدىر تىكتى». «چېدىر» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بولۇشى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس چېدىر»ىدا تۇرۇپ، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھازىر بولغىنىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر»\+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:14 \xt يەش. 7‏:14؛ مات. 1‏:16؛ 17‏:2؛ لۇقا 1‏:31؛ 2‏:7؛ كول. 1‏:19؛ 2‏:9؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \v 15 (يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن \add سىلەرگە\add*: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى) \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىد»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».\f*  \x + \xo 1:15 \xt مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26،30. \x* \v 16 چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلىرىدىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقان مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» دېگەنلىكتۇر. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. «ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات» دېگەن ئىبارە مۇسانىڭ «مىس.» 3:33دە ئېيتقان سۆزىدىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 1:16 \xt كول. 2‏:10. \x* \m \v 17 چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا \add پەيغەمبەر\add* ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. \f □ \fr 1:17 \ft \+bd «مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى»\+bd* ــ «مەسىھ» بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتىشىچە، خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى ۋە قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭلار.\f*  \x + \xo 1:17 \xt مىس. 20‏:1. \x* \v 18 خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى.\f □ \fr 1:18 \ft \+bd «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى ئۆزى بىردىنبىر خۇدا بولغۇچى ئۇنى ئايان قىلدى» دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋارىيانتنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ پەرقى يوق (1:1-4نى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى»دا نېمىلا بولمىسۇن خۇدالىق تەبىئىتى باردۇر.\f*  \x + \xo 1:18 \xt مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ مات. 11‏:27؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 1تىم. 6‏:16؛ 1يۇھ. 4‏:12. \x* \b \m \s1 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقى \r مات. 3‏:1-12؛ مار. 1‏:2-8؛ لۇقا 3‏:15-17 \m \v 19 يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى:  \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار»\+bd* ــ بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سەن كىمسەن؟»\+bd* ــ بۇ سوئالنىڭ «سەن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ پەيغەمبەرمۇسەن ياكى خۇدا ئەۋەتىدىغان مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمۇسەن» دېگەندەك ئىچكى مەنىسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىشكە تەييار ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، «مات.» 25:21-25نى كۆرۈڭ. \+bd «كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار»\+bd* ــ «كاھىنلار» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ئىدى؛ «لاۋىيلار» («لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغانلار) كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:19 \xt يـۇھ. 5‏:33. \x* \m \v 20 ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى.\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي... دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى»\+bd* ــ «ھېچ ئىككىلەنمەي» گرېك تىلىدا «ئىنكار قىلماي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:20 \xt يـۇھ. 3‏:28؛ روس. 13‏:25. \x* \m \v 21 ئۇلار ئۇنىڭدىن: \m ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس \add پەيغەمبەر\add*مۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ. \m ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. \m ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟»\+bd* ــ بۇ سوئال مۇسا پەيغەمبەر ئالدىنئالا ئېيتقان، ئۆزىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرغان پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («قان.» 15:18-22). ئەمەلىيەتتە بولسا، مۇسانىڭ «شۇ پەيغەمبەر» توغرۇلۇق بېشارىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.\f* \m \v 22 شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن: \m ــ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە جاۋاب بېرىشىمىز ئۈچۈن، \add بىزگە ئېيتقىن\add*، ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 23 يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!\f □ \fr 1:23 \ft \+bd «يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!»\+bd* ــ يەشايا ئۆز كىتابىدىكى 3:40-ئايەتتە بايان قىلغان «پەرۋەردىگارنىڭ يولى» ياكى «رەبنىڭ يولى» بولسا، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يەھيانىڭ خىزمىتى رەب ئەيسا ئۈچۈن توۋا قىلىدىغان خەلقنى تەييارلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ھەتتا كەمتەرلىك بىلەن ئۆزى توغرۇلۇق «مەن پەيغەمبەر» دېمەيدۇ، «مەن ناھايىتى بىر ئاۋازمەن، خالاس» دەيدۇ.\f*  \x + \xo 1:23 \xt يەش. 40‏:3؛ مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4. \x* \m \v 24‏-25 ئەمدى \add يېرۇسالېمدىن\add* ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن: \m ــ سەن يا مەسىھ، يا ئىلياس ياكى ھېلىقى پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 1:24‏-25 \ft \+bd «يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى»\+bd* ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا تىرىشىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر. \+bd «نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقى ئارىسىدىكى «راببىلار» (ئۇستازلار) خېلى بۇرۇن مۇنداق بىر ئادەت بېكىتكەنكى، ئەگەر بۇتپەرەس مىللەتلەر («يات ئەللەر»)دىن بولغانلار «تەۋرات-زەبۇر ئېتىقادى»نى قوبۇل قىلاي دېسە، ئاۋۋال خلتنە قىلىنىشى، ئاندىن نىرخىل «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن ھازىر «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك بولغانلار بۇتپەرەس «يات ئەللەر» ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك! \fp يەھيا پەيغەمبەر يۈرگۈزگەن «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا بولغان ئىقرار-توۋىسىنى، شۇنداقلا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كېلىشىگە بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش يولى ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 2:3-12نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:24‏-25 \xt قان. 18‏:18. \x* \m \v 26 يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: \m ــ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا تۇرغۇچى سىلەر تونۇمىغان بىرسى بار؛ \x + \xo 1:26 \xt مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 19‏:4. \x* \v 27 ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! \m \v 28 بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى \add سۇغا\add* چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى. \b \m \s1 خۇدانىڭ قوزىسى \m \v 29 ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: \m ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى! \f □ \fr 1:29 \ft \+bd «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھىنى ئېلىپ تاشلايدىغان ...». \+bd «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!»\+bd* ــ تەۋراتتىكى قۇربانلىقلار مەسىھ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى «قۇربانلىق قوزا»دۇر. بۇ توغرۇلۇق «يار.» 7:22-8، «مىس.» 1:12-3، «يەش.» 7:53 ۋە تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە بېشارەت بېرىلگەن.\f*  \x + \xo 1:29 \xt يەش. 53‏:5، 7؛ يـۇھ. 1‏:36. \x* \v 30 مانا، مەن \add سىلەرگە\add*: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! \f □ \fr 1:30 \ft \+bd «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».\f* \v 31 مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. \m \v 32 يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: \m ــ مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. \f □ \fr 1:32 \ft \+bd «مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.\f*  \x + \xo 1:32 \xt مات. 3‏:16؛ مار. 1‏:10؛ لۇقا 3‏:22. \x* \v 33 مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. \f □ \fr 1:33 \ft \+bd مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى\+bd* ــ «يەھيانى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى» ــ خۇدادۇر. \+bd «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ,...»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. \+bd «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!»\+bd* ــ يەھيانىڭ مۇشۇ گۇۋاھلىقى مەسىھنى كۆرستىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ مۇقەددەس روھىنى تۆكۈشى بىلەن نىجات ئېلىپ كېلىدىغان «يېڭى ئەھدە»نى تۈزگۈچىدۇر («يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «يەش.» 15:32-20 ۋە باشقىلار).\f* \v 34 مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم!\f □ \fr 1:34 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئوغلى»\+bd* ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \fp «خۇدانىڭ ئوغلى» بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «خۇدانىڭ تاللىغىنى» دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۇخلىسلىرى \m \v 35 ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى. \v 36 ئۇ \add ئۇ يەردىن\add* مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ: \m ــ قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! ــ دېدى.\x + \xo 1:36 \xt يەش. 53‏:7؛ يـۇھ. 1‏:29؛ روس. 8‏:32\x* \v 37 ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. \v 38 ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: \m ــ نېمە ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئۇلار: \m ــ راببى (بۇ \add ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ\add*، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسەن؟ ــ دېدى. \m \v 39 ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى).\f □ \fr 1:39 \ft \+bd «ئونىنچى سائەت»\+bd* ــ يۇھاننا بايانىدا «رىم ۋاقتى»نى ئىشلىتىدۇ (بۇنىڭغا ئىسپات بار). شۇڭا بۇ ۋاقىت ئەتىگەن سائەت ئون بولسا كېرەك.\f* \m \v 40 يەھيا \add پەيغەمبەرنىڭ\add* يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى. \v 41 ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: \m ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) \f □ \fr 1:41 \ft \+bd ««مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ»\+bd* ــ «خرىستوس» دەرۋەقە گرېك تىلىدا «مەسىھ قىلىنغان»، «ماي سۈرۈلگەن» دېگەن مەنىدە. كېيىن، دۇنياۋى ئېتىقادچى جامائەتنىڭ بەزلىرى ئەيسانى «ئەيسا مەسىھ»، باشقا بەزىلىرى (گرېك تىلىدىكى تەلەپپۇزغا ئەگىشىپ) «يەيسۇس خرىستوس» دەيدۇ. يەھۇدىي ئېتىقادىچلار: «يەشۇئا مېشىياھ» دەيدۇ.\f* \v 42 ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: \m سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون؛ بۇنىڭدىن كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن، ــ دېدى (مەنىسى «تاش»تۇر).\f □ \fr 1:42 \ft \+bd «سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون»\+bd* ــ «يۇنۇس» گرېك تىلىدا «يوناھ». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يۇھاننا» شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. \+bd «كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن»\+bd* ــ «كىفاس» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «پېترۇس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ لېكىن «كىفاس» ئىبرانىي تىلىدا ھەر تۈرلۈك تاشنى بىلدۈرىدۇ، «پېتروس» گرېك تىلىدا ھەرخىل كىچىك تاشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:42 \xt مات. 16‏:18. \x* \b \m \s1 فىلىپ ۋە ناتانىيەلنىڭ چاقىرتىلىشى \m \v 43 ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: \m ــ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! ــ دېدى \v 44 (فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى). \x + \xo 1:44 \xt يـۇھ. 12‏:21. \x* \v 45 فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: \m ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ \add يازمىلىرىدا\add* بېشارەت قىلىپ يازغان زاتنى تاپتۇق. ئۇ بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن! ــ دېدى.\f □ \fr 1:45 \ft \+bd «فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ،...»\+bd* ــ «ناتانىيەل» ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردا «بارتولوماي» (تولماينىڭ ئوغلى) دەپ ئېلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:45 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:18؛ 2سام. 7‏:12؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10، 11؛ 53‏:1-12؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ دان. 9‏:24؛ زەك. 6‏:12؛ 9‏:9. \x* \m \v 46 بىراق ناتانىيەل: \m ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى. \m كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ. \m \v 47 ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: \m ــ مانا، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىللىق! ــ دېدى. \m \v 48 ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى. \m \v 49 ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى.\f □ \fr 1:49 \ft \+bd «ئۇستاز»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «راببى».\f* \m \v 50 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن! ــ دېدى \v 51 ۋە يەنە: \m ــ بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! ــ دېدى.\f □ \fr 1:51 \ft \+bd «ئىنسانئوغلى»\+bd* ــ مۇقەددەس يازمىلاردا (تەۋراتتا) «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇزقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە، بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن «خۇدانىڭ ئوغلى» بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. \+bd «سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر!»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بىزنىڭچە مەسىھ «يار.» 12:28نى كۆزدە تۇتىدۇ. ھەزرىتى ياقۇپ ئالامەتلىك بىر چۈشنى كۆرگەن. چۈشتە ئۇ يەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئاسمانغا يېتىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆرگەن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن «چىقىپ-چۈشۈپ تۇراتتى». دېمەك، ئەيسا مەسىھ ئۆزى دەل شۇ «ئاسمانغا يېتىدىغان پەلەمپەي»دۇر.\f*  \x + \xo 1:51 \xt يار. 28‏:12. \x* \b \b \m \c 2 \s1 كانا يېزىسىدىكى توي زىياپىتى \m \v 1 ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى \add مەريەم\add* ئۇ يەردە ئىدى \v 2 ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. \m \v 3 تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ»\+bd* ــ مۇشۇنداق ئىش توي ئىگىسىنى چوڭقۇر خىجالەتكە قويۇپلا قالماي، گاھى ئەھۋاللاردا قىز تەرەپتىكىلەر يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭ ئۈستىدىن دەۋا قىلىشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 4 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟»\+bd* ــ مەسىھنىڭ بۇ سۆزى بىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. نېمىشقا ئەيسا ئۆز ئانىسىغا شۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ \fp مەريەم ئۆز ئوغلىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇ بەلكىم: «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭ ئانىسى، چوقۇم مېنىڭ تەلىپىمنى ئورۇنلىشى كېرەك» دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە بىزنىڭ خۇدانىڭ مەلۇم ئادىمى بىلەن بولغان بىرەر «جىسمانىي مۇناسىۋەت»نىڭ ھېچقانداق ئىناۋىتى يوقتۇر؛ پەقەت خۇدانىڭ مەسىھدە بولغان مېھرى-شەپقىتىگە ئىمان-ئىشەنچ باغلىساق، ئاندىن ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. مەريەمنىڭ خاپا بولماسلىقى ۋە 5-ئايەتتىكى ئىمانلىق سۆزلەرنى ئېيتىشى ئۇنىڭ بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئوبدان چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. \+bd «مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى»\+bd* ــ «مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، تىرىلىشى ۋە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزدە تۇتۇلغىنى ئەيسانىڭ بۇ ئىشلار ئارقىلىق «ئۇلۇغلاندۇرۇلۇشى»دۇر ــ 23:12، 27، 28، 31نى كۆرۈڭ. شۇڭا مۇشۇ يەردە بەلكىم «مەن ئاشكارە قىلىنىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى» دېگەندەك مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «يۇھ.» 21:4، 23، 25:5، 28، 29، 30:7، 20:8، 23:12، 27، 28، 31، 31:13، 26:16، 1:17نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 ئانىسى چاكارلارغا: \m ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 6 ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «ئىككى-ئۈچ تۇڭ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىككى-ئۈچ «مېترېت»». ھەربىر كۈپكە 80-100 لىتر سۇ سىغىدۇ، جەمئىي 480-720 لىتر سۇ بار ئىدى.\f* \m \v 7 ئەيسا چاكارلارغا: \m ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. \m ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. \v 8 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: \m ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. \m ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى. \m \v 9 توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، \v 10 ئۇنىڭغا: \m ــ ھەربىر \add توي قىلغۇچى\add* ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى. \m \v 11 بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ،...»\+bd* ــ «يۇھاننا»دا ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن «مۆجىزىلىك ئالامەت» ياكى «مۆجىزىلىك بەلگە»لەر جەمئىي يەتتە بولۇپ، ھەربىرى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىدىن بىر تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىدۇر. \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى»\+bd* ــ «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى» دېيىلگىنى بىلەن، كېيىنكى نۇرغۇن ئىشلار مۇخلىسلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنىڭ مۇقىم ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 12 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى. \b \m \s1 سودا-سېتىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەتخانىدىن قوغلىنىشى \r مات. 21‏:12-13؛ مار. 11‏:15-17؛ لۇقا 19‏:45-46 \m \v 13 يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. \f □ \fr 2:13 \ft \+bd «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»\+bd* ــ («پاسخا» ھېيتى) ــ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئىبادەتخانىدا قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ھېيتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. «مىس.» 12-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 14 ئۇ ئىبادەتخانا \add ھويلىلىرىدا\add* كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «ئىبادەتخانا»\+bd* ــ پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ بىرىنچى بولۇپ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 950-يىلى قۇرغانىدى؛ ئاندىن يەھۇدىيلار پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى قايتا قۇرغانىدى. بۇ ئىبادەتخانىنى ھېرود پادىشاھ بۇرۇنقىدىنمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. \+bd «كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك»\+bd* ــ بۇلارنى قۇربانلىقلار ئۈچۈن ساتاتتى.\f*  \x + \xo 2:14 \xt مات. 21‏:12؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45. \x* \v 15 ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى \v 16 ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: \m ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما!»\+bd* ــ «زەك.» 20:14-21نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى \add زەبۇردا\add* مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: \b \m «سېنىڭ \add مۇقەددەس\add* ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!».\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!»\+bd* ــ «زەب.» 9:69نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt زەب. 69‏:9\x* \b \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: \m ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 2:18 \xt مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ يـۇھ. 6‏:30. \x* \m \v 19 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: \m ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن»\+bd* ــ ئەيسا ئېيتقان بۇ ئالامەت ئۇ كېيىن ئېيتقان «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن ئالامەت-كارامەت»كە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 39:12نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:19 \xt مات. 26‏:61؛ 27‏:40؛ مار. 14‏:58؛ 15‏:29. \x* \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى. \v 21 ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى. \v 22 شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى.\x + \xo 2:22 \xt لۇقا 24‏:8. \x* \m \v 23 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى. \v 24 لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ \add قەلبىنىڭ\add* قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. \f □ \fr 2:24 \ft \+bd «لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى»\+bd* ــ بۇ باياندىن «خۇش خەۋەر»دىكى ئاخىرقى مەقسەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارغا بەخت-بەرىكەت ئەمەس، بەلكى \+bd ئۆزىنى\+bd* ئاتا قىلىشنى ياكى «تاپشۇرۇش»نى خالايدۇ. لېكىن ئىنسان ئۆزى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىسە، تېخى كونا گۇناھىي تەبىئەتتە بولسا، «ئۆزىنى تاپشۇرۇش» قەتئىي مۇمكىن بولمايتتى. ھەربىر ئىنسان روھتا «قايتا تۇغۇلۇشى» كېرەك ــ بۇ 3-بابنىڭ چوڭ تېمىسىدۇر.\f* \v 25 ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى.\x + \xo 2:25 \xt 1سام. 16‏:7؛ 1تار. 28‏:9؛ زەب. 7‏:9؛ 103‏:14؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ يـۇھ. 6‏:64. \x* \b \b \m \c 3 \s1 قايتىدىن تۆرىلىش \m \v 1 يەھۇدىيلار \add كېڭەشمىسىنىڭ\add* پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى. \v 2 بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ــ دېدى.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «ئۇستاز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «راببى»، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 3:2 \xt يـۇھ. 7‏:50؛ 9‏:16، 33؛ 19‏:39؛ روس. 10‏:38. \x* \m \v 3 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس!»\+bd* ــ «يۇقىرىدىن» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا يەنە «قايتىدىن» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ ۋە شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە \+bd بۇ ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ\+bd*.\f* \m \v 4 نىكودىم: \m ــ ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. \m \v 5 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس!\x + \xo 3:5 \xt تىت. 3‏:5. \x* \v 6 ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر.\x + \xo 3:6 \xt رىم. 8‏:5. \x* \v 7 ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما. \v 8 شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \fp ئەيسانىڭ بۇ ئايەتتىكى كۈچلۈك سۆزلىرىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىر-بىرلەپ شەرھلەيمىز.\f* \m \v 9 نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا: \m ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى. \m \v 10 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم نىكودىمنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى تەۋرات ئۇستازى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 11 بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر. \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر»\+bd* ــ نېمىشقا ئەيسا نىكودىمغا شۇنچە ئېغىر تەنبىھ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇ بايانىدىن ئىككى مۇھىم سوئال چىقىدۇ: «بىز» كىم؟، «سىلەر» كىم؟ بۇلار توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:11 \xt يـۇھ. 3‏:32؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:24. \x* \v 12 سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ \v 13 ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۆزى ئەرشتە بولۇپ» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 3:13 \xt يـۇھ. 6‏:62؛ ئ‍ەف. 4‏:9. \x* \v 14 مۇسا چۆلدە \add تۇچ\add* يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «مۇسا چۆلدە \+bd*\+bdit تۇچ\+bdit* يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» ــ ئوقۇرمەنلەر تىلغا ئېلىنغان بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى «چۆل.» 4:21-9دە تاپالايدۇ. ئىسرائىللار گۇناھ سادىر قىلغاندا، خۇدا ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئارىسىغا يىلانلارنى ئەۋەتكەن. يىلانلار نۇرغۇن ئادەملەرنى چاققان، مۇسا خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى ھاسىغا بېكىتىپ، ھاسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىسرائىلنىڭ بارگاھىنى ئايلىنىپ ماڭغان. يىلانلارنىڭ زەھىرىدىن ئۆلەي دەپ قالغانلار ئەگەر ئىمان بىلەن شۇ تۇچ يىلانغا قارىسا ساقايغان. \fp بۇ ۋەقە ئەيسانىڭ كرېستتە كۆتۈرۈلۈشىگە بېشارەت بولىدۇ. گۇناھىدىن ئۆلەي دېگەنلەر ئەيساغا ئىمان بىلەن قارىسا (ئەيسا بىز ئۈچۈن گۇناھنىڭ ئۆزى قىلىنغان، «2كور.» 21:5) گۇناھتىن ساقايتىلىدۇ ــ دېمەك، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.\f*  \x + \xo 3:14 \xt چۆل. 21‏:9؛ 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 8‏:28؛ 12‏:32. \x* \v 15 شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ».\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ»\+bd* ــ بۇ كىمنىڭ سۆزى؟ مەسىھنىڭ سۆزلىرى بەلكىم 15-ئايەتتە توختايدۇ. 16-21-ئايەتلەرنى روسۇل يۇھاننا مۇقەددەس روھنىڭ تۈرتكە-يوليورۇقى بىلەن يازغان، دەپ ئىشىنىمىز.\f*  \x + \xo 3:15 \xt يـۇھ. 3‏:15. \x* \m \v 16 چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «شۇ قەدەر سۆيىدۇكى،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا يەنە «شۇ يول بىلەن سۆيىدۇكى،...» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:16 \xt يـۇھ. 3‏:36؛ لۇقا 19‏:10؛ رىم. 5‏:8؛ 8‏:31؛ 1يۇھ. 4‏:9؛ 5‏:10. \x* \v 17 خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. \x + \xo 3:17 \xt لۇقا 9‏:56؛ يـۇھ. 9‏:39؛ 12‏:47؛ 1يۇھ. 4‏:14. \x* \v 18 كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. \x + \xo 3:18 \xt يـۇھ. 5‏:24؛ 6‏:40،47؛ 20‏:31. \x* \v 19 ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. \x + \xo 3:19 \xt يـۇھ. 1‏:5. \x* \v 20 چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛ \v 21 لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ.\f □ \fr 3:21 \ft \+bd «خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدادا قىلغانلىقى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 3:21 \xt ئ‍ەف. 5‏:13،8. \x* \b \m \s1 يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىدۇ \m \v 22 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. \x + \xo 3:22 \xt يـۇھ. 4‏:1. \x* \v 23 شۇ چاغدا يەھيا \add پەيغەمبەرمۇ\add* سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى \x + \xo 3:23 \xt مات. 3‏:6؛ مار. 1‏:5؛ لۇقا 3‏:7. \x* \v 24 (چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى).\x + \xo 3:24 \xt مات. 14‏:3. \x* \m \v 25 \add شۇ ۋاقىتلاردا\add* يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى. \v 26 ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ \add تەرىپلەپ\add* گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 3:26 \ft «ئۇستاز»\ft  ــ گرېك تىلىدا «راببى». \+bd «...ئۆزۈڭ تەرىپلەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ»\+bd* ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ يەھۇدىي كىشى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىپ (25-ئايەت) بۇ سوئالنى تۇغدۇرغان؟ يەھيا بولسا تەۋرات دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ھېسابلىنىدۇ. يەھيا شۇ سالاھىيىتىدە تەۋرات («كونا ئەھدە»)تىكى تاھارەت ئىشلىرىنى تېخىچە ساقلاپ كەلگەنىدى. لېكىن مەسىھ «ئىچكى تازىلىق»نى تەكىتلەيدىغان تەلىمى بىلەن «يېڭى ئەھدە»نى تونۇشتۇرۇۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ بەس-مۇنازىرىدە يەھيانىڭ تەلىملىرى ۋە ئەيسانىڭ تەلىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر تۈگىشى مۇمكىن ئىدى. يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ «خەلق «سەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ «يېڭى ئادەم»نىڭ قېشىغا بارىدۇ» دېيىشنىڭ مەقسىتى يەھيانىڭ ئىناۋەت-ئابرۇيىنى قوغداش ئىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن يەھيانىڭ (27-31-ئايەتتىكى) جاۋابى «بۇنداق ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەكسىچە خۇشال بولۇشىمىز لازىم» ئىدى.\f*  \x + \xo 3:26 \xt مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:15، 26، 34. \x* \m \v 27 يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. \v 28 مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر. \x + \xo 3:28 \xt مال. 3‏:1؛ مات. 11‏:10؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 1‏:17؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:20، 21 ،23. \x* \v 29 كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. \f □ \fr 3:29 \ft \+bd «كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بىلەن يەھيا پۆيغەمبەر ئەيسا مەسىھنى توي يىگىتىگە ئوخشىتىدۇ ۋە: ئۆزۈم بولسام پەقەت توي يىگىتىنىڭ قولدىشىمەن، خالاس، دەيدۇ.\f* \v 30 ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر.\f □ \fr 3:30 \ft \+bd «ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر»\+bd* ــ يەھيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ، 31-36-ئايەتلەرنى يۇھاننا مۇقەددەس روھنىڭ تۈرتكە-يوليورۇقى بىلەن يازغان، دېگەن پىكىرگە مايىلمىز. بەزى ئالىملار 32-34- ياكى 32-36-ئايەتلەرنىمۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 31 ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ \x + \xo 3:31 \xt يـۇھ. 8‏:23. \x* \v 32 ئۆزىنىڭ \add ئەرشتە\add* كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. \x + \xo 3:32 \xt يـۇھ. 5‏:30؛ 8‏:26؛ 12‏:49؛ 14‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:10. \x* \v 33 \add ھالبۇكى\add*، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ . \f □ \fr 3:33 \ft \+bd «كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ»\+bd* ــ «خۇدا ھەق» دېگەن سۆزدە كۆزدە تۇتۇلغىنى نېمە؟ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئەسلىدە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئەۋەتىمەن، دەپ بەرگەن نۇرغۇن ۋەدىلىرى ھازىر ئەيسادا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دېگەنلىك بولىدۇ. \fp «مۆھۈرىنى باسقان» ــ بىرىنچىدىن، باشقىلارغا «خۇدا ھەقتۇر» دەپ ئېنىق گۇۋاھلىق بېرىدىغان ۋە ئىككىنچىدىن، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆز ھاياتىدا شۇ گۇۋاھلىقنى تەستىقلايدىغان خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرىدۇ، شۇڭا «خۇدا ھەق» دەپ تېخىمۇ كۈچلۈك گۇۋاھچى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 3:33 \xt رىم. 3‏:4. \x* \v 34 چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى \add ئۇنىڭغا\add* ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس. \f □ \fr 3:34 \ft \+bd «...چۈنكى خۇدا روھنى ئۇنىڭغا ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. دېمەك، خۇدا پەيغەمبەرلىرىگە ئۆز روھىدىن «ئۆلچەم بىلەن كەملەپ» ئاتا قىلغىنى بىلەن، مەسىھگە بولسا ئۆلچىمەي بەرمەكتە. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدا روھنى ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس» ــ دېمەك، ئىنجىل دەۋرىدە خۇدا مەسىھ ئارقىلىق مۇقەددەس روھىنى ھەممە ئېتىقادچىغا ئۆلچىمەي ئاتا قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:34 \xt ئ‍ەف. 4‏:7. \x* \v 35 ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر. \f □ \fr 3:35 \ft \+bd «ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر»\+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ «ئوغۇل» بولسا ــ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، ئەلۋەتتە. «يۇھاننا»دا «ئۇغۇل» كۆپ ئىشلىتىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئوغلى بىردىنبىردۇر.\f*  \x + \xo 3:35 \xt مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 5‏:22؛ 17‏:2؛ ئىبر. 2‏:8. \x* \v 36 ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.\x + \xo 3:36 \xt يـۇھ. 3‏:36؛ 6‏:47؛ 1يۇھ. 5‏:10. \x* \b \b \m \c 4 \s1 ئەيسا بىلەن سامارىيەلىك ئايال \m \v 1 ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن\x + \xo 4:1 \xt يـۇھ. 3‏:26. \x* \v 2 (ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى) \v 3 ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى. \v 4 ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى»\+bd* ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرگە ئۆچ بولغاچقا، ئۇلار يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە ماڭغاندا، سامارىيەدىن ئەمەس، دائىم ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ ماڭاتتى. شۇڭا «سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئەيسانىڭ بۇ يول بىلەن مېڭىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.\f* \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى.\x + \xo 4:5 \xt يار. 33‏:19؛ 48‏:22؛ يە. 24‏:32. \x* \v 6 شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ياقۇپنىڭ بۇلىقى». ئۇ يەر ئاستىدىكى بۇلاق بولغاچقا، «قۇدۇق» ئىدى. \+bd «بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى»\+bd* ــ ياكى ئەتىگەندە سائەت ئالتىدە ياكى چۈشتىن كېيىن ئالتىنچى سائەتتە (4:5دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ).\f* \v 7‏-8 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى. \m \v 9 ئايال ئۇنىڭدىن: \m ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى).\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «...چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى»\+bd* ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيتتى. يەھۇدىي خەلقى ئەنئەنىلىرى بويىچىمۇ «شۇ كاپىرلارغا قەرزدار بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ سامارىيەلىكلەردىن ھېچنېمە سورىماتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىي ئەركەكلەر سىرتلاردا بولغاندا ھېچقاچان ناتونۇش بىر ئايال بىلەن (ھەتتا بەزىدە تونۇش ئاياللار بىلەنمۇ) سۆزلەشمەيتتى. 27-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:9 \xt لۇقا 9‏:52، 53؛ يـۇھ. 8‏:48. \x* \m \v 10 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى. \m \v 11 ئايال ئۇنىڭدىن: \m ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟ \x + \xo 4:11 \xt يەر. 2‏:13. \x* \v 12 ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە \add مىراس\add* قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى.\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن»\+bd* ــ ئايالنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم «قۇدۇق كولاپ سۇ تېپىش ئاسان ئەمەس. پەقەت ناھايىتى بىلىملىك ئادەملەر شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۇلۇغ ياقۇپ ئۆزىمۇ مۇشۇ سۇدىن ئىچكەن، ئۇنىڭدىن ياخشى سۇ تاپالمىغان. سىز ئۇنىڭدىن ئۇلۇغسىز، ياقۇپ ئىچكەن سۇدىن ئەۋزەل سۈيۈڭ بارمۇ؟!» دېگەنلىك بولسا كېرەك.\f* \m \v 13 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ. \v 14 ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 4:14 \xt يـۇھ. 3‏:16؛ 6‏:27، 35، 54؛ 7‏:38. \x* \m \v 15 ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي!»\+bd* ــ ئايالنىڭ تەلەپپۇزى بەلكىم كىنايىلىكرەك ياكى گۇمانلىقراق بولسا كېرەك. بىزنىڭچە پەقەت ئەيسا ئايالنىڭ ئۆز ئەرلىرى توغرۇلۇق بېشارەتلىك سۆز قىلغاندا (18-ئايەت)، ئاندىن ئايال ئۇنىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.\f* \m \v 16 ئەيسا: \m ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى. \m \v 17 ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. \m ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ. \v 18 چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا. \m \v 19 ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! \x + \xo 4:19 \xt لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 6‏:14. \x* \v 20 ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر \add يەھۇدىيلار\add* «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 4:20 \ft \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن»\+bd* ــ «بۇ تاغ» گەرىزىم تېغىدۇر. سامارىيەلىكلەر شۇ يەردە ئۆز ئىبادەتخانىسىنى قۇرغانىدى. \+bd «لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئايالنىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىي بىر سوئالدۇر، يەنى: ــ نېمىشقا شۇنداق؟ بۇ توغرىمۇ؟ ــ دېگەندەك.\f*  \x + \xo 4:20 \xt قان. 12‏:5،11؛ 1پاد. 9‏:3؛ 2تار. 7‏:12. \x* \m \v 21 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: \m ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى-سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. \v 22 سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ. \f □ \fr 4:22 \ft \+bd «نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ»\+bd* ــ چۈنكى (1) خۇدا ھەقىقىي سۆز-كالامىنى ئەسلىدە يەھۇدىي خەلقىگە ئالاھىدە تاپشۇرغان؛ (2) ھەممىدىن مۇھىمى، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئاساسەن مەسىھ يەھۇدىيلاردىن چىقىدۇ.\f*  \x + \xo 4:22 \xt يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 2پاد. 17‏:29؛ ئىبر. 7‏:14. \x* \v 23 لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. \f □ \fr 4:23 \ft \+bd «روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، (1) خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق؛ (2) ھەربىر ئىبادەت قىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل روھى بىلەن؛ (3) خۇدا ئىنسانلارغا تاپشۇرغان ھەقىقەت (ئۆز سۆز-كالامى) بويىچە؛ (4) ھەرقانداق يالغانچىلىقنى تاشلىغان ھالدا ئىبادەت قىلىشتۇر.\f* \v 24 خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.\x + \xo 4:24 \xt 2كور. 3‏:17. \x* \m \v 25 ئايال ئۇنىڭغا: \m ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى.\f □ \fr 4:25 \ft \+bd «مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەن...»\+bd* ــ «خرىستوس» گرېك تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «مەسىھ»، يەنى «مەسىھ قىلىنغان (زات)» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 26 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى.\x + \xo 4:26 \xt يـۇھ. 9‏:37. \x* \m \v 27 شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى. \m \v 28 شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە: \m \v 29 ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى. \m \v 30 بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. \m \v 31 شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى. \m \v 32 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: \m ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى. \m \v 33 مۇخلىسلار بىر-بىرىگە: \m ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \m \v 34 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ \add ماڭا تاپشۇرغان\add* خىزمىتىنى تاماملاشتۇر. \m \v 35 ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! \f □ \fr 4:35 \ft \+bd «سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟»\+bd* ــ شۇ ۋاقىت بەلكىم ئونىنچى ياكى ئونبىرىنچى ئاي ئىدى. \+bd «مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئەيسا مۇشۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن «ھوسۇل» ھازىر شەھەردىن چىقىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقانلارنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ «خۇددى زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 4:35 \xt مات. 9‏:37؛ لۇقا 10‏:2. \x* \v 36 ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. \f □ \fr 4:36 \ft \+bd «ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ»\+bd* ــ «ئورمىچى»لار خۇدانىڭ كىشىلەرنى ئۆز خۇش خەۋەرىگە ئىشەندۈرۈشتىكى ئاخىرقى ۋاسىتىسى بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. مۇشۇلار بولسا دەل خۇدا ئۆز كالامى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىدىن كۈتكەن ھوسۇلدۇر (مەسىلەن، «رىم.» 29:8-30، «1كور.» 5:3-9، «ئىبر.» 10:2نى كۆرۈڭ). \+bd «شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ»\+bd* ــ «تېرىغۇچى» خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى كىشىلەرگە بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزگۈچى بولىدۇ.\f* \v 37 چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. \v 38 مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار.\f □ \fr 4:38 \ft \+bd «باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار»\+bd* ــ كىم «ئەمگەك قىلىپ» تېرىغان؟ بىزنىڭچە ئۇلار: (1) تەۋرات دەۋرىدىكى خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەر؛ (2) پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئۇلارنى ئىسرائىللارغا (شۇنداقلا سامارىيەلىكلەرگە) ئۆگەتكەن، خۇداغا سادىق بولغان تەۋرات ئۇستازلىرى؛ (3) يەھيا پەيغەمبەر ۋە مۇخلىسلىرى. بۇ ئۈچ تۈركۈم كىشىلەر خەلققە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى مەسىھنىڭ كېلىشىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا تەييارلىغانىدى. (4) مەسىھنىڭ ئۆزى «تېرىغان». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.\f* \m \v 39 شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. \v 40 شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. \m \v 41 ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. \v 42 ئۇلار ئايالغا: \m ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى. \b \m \s1 بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ساقايتىلىشى \r مات. 8‏:5-13؛ لۇقا 7‏:1-10 \m \v 43 بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى \v 44 (چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى). \x + \xo 4:44 \xt مات. 13‏:57؛ مار. 6‏:4؛ لۇقا 4‏:24. \x* \v 45 شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ \add ئۆتۈپ كېتىش\add* ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى). \f □ \fr 4:45 \ft \+bd «گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە،...»\+bd* ــ 23:2نى كۆرۈڭ. \+bd «گالىلىيەلىكلەر... ئۇنى قارشى ئېلىشتى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر 44-ئايەت بىلەن كۆرۈنۈشتە سەل زىترەك بولغىنى بىلەن، 48-ئايەتتە گالىلىيەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاخىر بېرىپ (6-بابتا) ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى قىلمىدى.\f* \v 46 ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). \add شۇ كۈنلەردە\add*، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. \x + \xo 4:46 \xt يـۇھ. 2‏:1،11. \x* \v 47 ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: \m ــ \add ئۆيۈمگە\add* چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى.\f □ \fr 4:47 \ft \+bd «...ئۆيۈمگە چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا!»\+bd* ــ كەپەرناھۇمدىن كاناغا بارىدىغان يولنىڭ 33 كىلومېترى داۋانغا چىقىدىغان يول.\f* \m \v 48 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ سىلەر \add گالىلىيەلىكلەر\add* مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! ــ دېدى.\x + \xo 4:48 \xt 1كور. 1‏:22. \x* \m \v 49 ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: \m ــ تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! ــ دېدى. \m \v 50 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى. \m ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. \v 51 يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى. \m \v 52 ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: \m ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى. \m \v 53 بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى. \v 54 بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى.\f □ \fr 4:54 \ft \+bd «بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنى كۆرەلەيدۇكى، بۇ ئەيسانىڭ « ياراتقان ئىككىنچى مۆجىزىسى» ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۇنىڭ «يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى» ياراتقان \+bd ئالامىتى\+bd* ئىدى. «ئالامەت» بولسا، مەسىھنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېنىق ۋە ئالاھىدە ھالدا كۆرسەتكەن بىر مۆجىزىدۇر.\f* \b \b \m \c 5 \s1 كۆلچەك بويىدىكى پالەچنىڭ ساقايتىلىشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى ۋە ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقتى.\x + \xo 5:1 \xt لاۋ. 23‏:2؛ قان. 16‏:1. \x* \v 2 يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. \v 3 بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «پالەچلەر»\+bd* ــ ياكى «يىگلىگەنلەر».\f* \v 4 چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن.\f □ \fr 5:4 \ft \+bd «چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن»\+bd* ــ 3-ئايەتتىكى «ئۇلار يېتىپ... 4-ئايەتتىكى «...ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن» دېگەن سۆزلەرگىچە بەزى كۆنا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. ئەمما بىزنىڭچە، بۇ سۆزلەر 7-ئايەتتىكى سۆزلەرنى چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى چوقۇم ئەسلىدىكى تېكىستنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمىز.\f* \v 5 ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. \v 6 ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: \m ــ ساقىيىشنى خالامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 7 بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، ــ دېدى. \m \v 8 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! ــ دېدى.\x + \xo 5:8 \xt مات. 9‏:6؛ مار. 2‏:11؛ لۇقا 5‏:24. \x* \m \v 9 ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى. \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان، دەم ئالىدىغان مۇقەددەس كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئىشلەش قەتئىي مەنئى قىلىنغان. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:9 \xt يـۇھ. 9‏:14. \x* \v 10 شۇڭا \add بەزى\add* يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە: \m ــ بۈگۈن شابات كۈنى تۇرسا، ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈش \add تەۋراتتا\add* ساڭا مەنئى قىلىنغان! ــ دېدى.\x + \xo 5:10 \xt مىس. 20‏:10؛ قان. 5‏:13؛ يەر. 17‏:21؛ مات. 12‏:2؛ مار. 2‏:24؛ لۇقا 6‏:2. \x* \m \v 11 لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى. \m \v 12 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى. \m \v 13 بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى. \v 14 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: \m ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى.\x + \xo 5:14 \xt مات. 12‏:45؛ يـۇھ. 8‏:11. \x* \m \v 15 ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. \v 16 ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. \f □ \fr 5:16 \ft \+bd «يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى»\+bd* ــ «يەھۇدىيلار» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەھۇدىي چوڭلار، ھۆكۈمدارلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \fp بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەشكە باشلىدى» دەپ قوشۇلىدۇ.\f* \v 17 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن! ــ دېدى.\f □ \fr 5:17 \ft \+bd «ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن!»\+bd* ــ «ئاتام» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە. ئەيسا يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن شابات كۈنى ئىش قىلىسەن» دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋاب قىسقا بولغىنى بىلەن بۇ يەھۇدىي ئۆلىمالىرىغا تۆۋەندىكىدەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ــ «خۇدا ئۆزى ھەردائىم، جۈملىدىن شابات كۈنىدە ئىشلىمەمدۇ؟ ئۇ دائىم ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە پۈتكۈل ئالەمنى ئۆز-ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇپ، ھەممە مەۋجۇداتلارنى بىر-بىرىگە باغلاندۇرۇپ تۇرمامدۇ؟ ئۇ شابات كۈنىدىمۇ بەزى ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ، بەزىلىرىنى ساقايتىپ، بەزىلىرىگە ھايات بەرمەمدۇ؟ ئۇ مېنىڭ ئاتام بولغانىكەن، مەن ئۇنىڭغا ھەمكارلاشمىسام بولمايدۇ!». يەھۇدىيلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن ئۇنىڭ خۇدا بىلەن ئاتا-ئوغۇللۇق زىچ مۇناسىۋەتتە دېگىنىنى توغرا چۈشەنگىنى بىلەن، لېكىن بۇ سۆزىنى «كۇپۇرلۇق» دەپ قارىدى (18-ئايەت).\f*  \x + \xo 5:17 \xt يـۇھ. 14‏:10. \x* \m \v 18 شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى.\x + \xo 5:18 \xt يـۇھ. 7‏:19. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ھوقۇقى \m \v 19 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ. \x + \xo 5:19 \xt يەش. 54‏:5؛ يـۇھ. 3‏:30؛ 8‏:38؛ 9‏:4؛ 10‏:30؛ 14‏:9؛ 17‏:5. \x* \v 20 چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ. \f □ \fr 5:20 \ft \+bd «...ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، «تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلار» ئوغۇلغا ئايان قىلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئايان قىلىنىدۇ. بۇ «ئۇلۇغ ۋە زور (گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) ئىشلار» 21-22-ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئوغۇل سۈپىتىدە بولغاچقا، خالىسا بۇ ئىشلارنى (خۇدا ئۆزى قىلىدىغاندەك) شابات كۈنىدىمۇ قىلىش ھوقۇقى بار.\f*  \x + \xo 5:20 \xt يـۇھ. 1‏:2؛ 3‏:35؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 14‏:24. \x* \v 21 چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. \f □ \fr 5:21 \ft \+bd «چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر ھەم جىسمانىي ھەم روھىي مەنىدە ئېيتىلىدۇ.\f* \v 22 شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان. \x + \xo 5:22 \xt مات. 11‏:27؛ يـۇھ. 3‏:35. \x* \v 23 بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. \x + \xo 5:23 \xt يـۇھ. 2‏:23. \x* \v 24 ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.\x + \xo 5:24 \xt لۇقا 23‏:43؛ يـۇھ. 3‏:18؛ 6‏:40، 47؛ 8‏:51. \x* \m \v 25 ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. \f □ \fr 5:25 \ft \+bd «...ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر، شۈبھىسىكى، بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ («ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى،...»). چۈنكى 28-ئايەتتە جىسمانىي ئۆلۈكلەر ئايرىم كۆرسىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:25 \xt ئ‍ەف. 2‏:1، 5؛ 1تىم. 5‏:6. \x* \v 26 چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى \f □ \fr 5:26 \ft \+bd «چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل ياخشى تەرجىمىسى «چۈنكى ئاتا ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغۇلنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى».\f* \v 27 ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. \v 28 بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ \x + \xo 5:28 \xt 1تېس. 4‏:16. \x* \v 29 ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ. \x + \xo 5:29 \xt دان. 12‏:2؛ مات. 25‏:34،46. \x* \v 30 مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت \add ئاتامدىن\add* ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.\x + \xo 5:30 \xt يـۇھ. 6‏:38. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ خۇدا ئەۋەتكىنى بولغىنىغا تۆت گۇۋاھلىق \m \v 31 ــ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ. \f □ \fr 5:31 \ft \+bd «ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ»\+bd* ــ «ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ» گرېك تىلىدا «ھەقىقەت ئەمەس».\f*  \x + \xo 5:31 \xt يـۇھ. 8‏:14. \x* \v 32 لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. \f □ \fr 5:32 \ft \+bd «لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن»\+bd* ــ ئەيسا ئېيتقان بۇ مۇھىم «گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى» يەھيا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتىسى ئۆزىدۇر. 34-ئايەتنى كۆرۈڭ («ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق»).\f*  \x + \xo 5:32 \xt يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5. \x* \v 33 سىلەر يەھياغا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭلاردا، ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن \x + \xo 5:33 \xt يـۇھ. 1‏:15، 19، 27. \x* \v 34 (\add ئەمەلىيەتتە\add*، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق؛ مېنىڭ \add يەھيا توغرۇلۇق\add* شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر). \f □ \fr 5:34 \ft \+bd «ئەمەلىيەتتە، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈم توغرۇلۇق ئىنسانلارنىڭ گۇۋاقلىقىنى قوبۇل قىلمايمەن» \+bd «مېنىڭ يەھيا توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇ»\+bd* ــ دېمەك، سىلەر پەرىيسىلەر يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزۈم توغرۇلۇق («مانا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى!» دېگەن) گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساڭلار، نىجات تاپالايسىلەر.\f* \v 35 \add يەھيا\add* بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار. \v 36 لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. \f □ \fr 5:36 \ft \+bd «مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ»\+bd* ــ «مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر» ــ ئەيسا يارىتىۋاتقان كۆپ مۆجىزىلەردىن ئىبارەت.\f*  \x + \xo 5:36 \xt يـۇھ. 10‏:25؛ 1يۇھ. 5‏:9. \x* \v 37 ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار \x + \xo 5:37 \xt مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 6‏:27؛ 8‏:18؛ 1تىم. 6‏:16؛ 2پېت. 1‏:17؛ 1يۇھ. 4‏:12. \x* \v 38 ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر. \m \v 39 مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. \x + \xo 5:39 \xt قان. 18‏:18؛ يەش. 34‏:16؛ لۇقا 16‏:29؛ 24‏:27؛ يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 17‏:11. \x* \v 40 شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر. \m \v 41 مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛ \v 42 لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق. \f □ \fr 5:42 \ft \+bd «ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق»\+bd* ــ ياكى «خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق».\f* \v 43 مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. \f □ \fr 5:43 \ft \+bd «ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر»\+bd* ــ «باشقا بىرسى» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆز كۆپ «ساختا مەسىھ»لەرنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى زاماندا پەيدا بولغان دەججالنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر مىسال، مىلادىيە 135-يىلى ئۆزىنى «مەسىھ بولىمەن» دېگەن، «بار-قوقبا» ئىسىملىك دەججالدەك بىر شەخس پەلەستىندە پەيدا بولغان ۋە نۇرغۇن يەھۇدىي خەلقى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئالدانغان. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن قارشىلىشىشقا چىقىپ، ئاخىر بېرىپ رىمنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.\f* \v 44 سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!\x + \xo 5:44 \xt يـۇھ. 12‏:43. \x* \m \v 45 بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا \add پەيغەمبەردۇر\add*. \v 46 چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا \add پەيغەمبەرگە\add* ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر. \x + \xo 5:46 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 28‏:14؛ قان. 18‏:18. \x* \v 47 لېكىن ئۇنىڭ پۈتكەنلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟! \b \b \m \c 6 \s1 بەش مىڭ ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى \r مات. 14‏:13-21؛ مار. 6‏:30-44؛ لۇقا 9‏:10-17 \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە دېڭىزى (تىبېرىياس دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «گالىلىيە دېڭىزى»\+bd* ــ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چوڭ بىر كۆل. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.\f* \v 2 زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. \v 3 ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى. \v 4 ئۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى، يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى.\x + \xo 6:4 \xt مىس. 12‏:18؛ لاۋ. 23‏:5، 7؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:1. \x* \v 5 ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: \m ــ بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ ــ دەپ سورىدى\x + \xo 6:5 \xt مات. 14‏:14؛ مار. 6‏:34؛ لۇقا 9‏:13. \x* \v 6 (لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى). \m \v 7 فىلىپ جاۋابەن: \m ــ ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ!\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ...»\+bd* ــ بىر دىنار ياكى «دىنارىئۇس» بولسا ئادەتتە بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققىگە توغرا كېلەتتى. 200 دىنار بولسا، ئاددىي ئىشچىنىڭ يېرىم يىللىق كىرىمىدىن ئارتۇقراق بولىدۇ.\f* \m \v 8 مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا: \v 9 ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى. \m \v 10 ئەيسا: ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت-چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى. \v 11 ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، \add خۇداغا\add* تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. \x + \xo 6:11 \xt 1سام. 9‏:13. \x* \v 12 ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: \m ــ ئاشقان پارچىلارنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، ــ دېدى. \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «سېۋەت»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت»، بەلكىم ئىككى قوللاپ كۆتۈرىدىغان سېۋەتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 14 ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «چۆل.» 15:18دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 6:14 \xt لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19. \x* \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا زورلىماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا يالغۇز چىقىپ كەتتى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى \r مات. 14‏:22-27؛ مار. 6‏:45-52 \m \v 16 كەچقۇرۇن، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى دېڭىز بويىغا چۈشۈشتى. \x + \xo 6:16 \xt مات. 14‏:23؛ مار. 6‏:47. \x* \v 17 ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى (قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى). \v 18 قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىز دولقۇنلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. \v 19 مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى. \f □ \fr 6:19 \ft \+bd «ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يىگىرمە بەش ياكى ئوتتۇز «ستادىيون»چە ماڭغاندا...». بىر ستادىيون 185 مېتر، شۇڭا ئۇلار قىرغاقتىن 6-5 كىلومېتر ماڭغانىدى (بىر چاقىرىم 500 مېتر ئەتراپىدۇ). دېڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتر، كەڭلىكى 12 كىلومېتر بولۇپ، ئۇلار دېڭىز ئوتتۇرىسىغا يەتكەن بولسا كېرەك.\f* \v 20 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: \m ــ بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. \m \v 21 شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى.\f □ \fr 6:21 \ft \+bd «ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى»\+bd* ــ «زەب.» 23:107-31نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:21 \xt زەب. 107‏:29-30\x* \b \m \s1 ئەيسا ــ ھەقىقىي روھىي ئوزۇقتۇر \m \v 22 ئەتىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغان خالايىق \add ئالدىنقى كۈنى\add* ئۇ يەردە ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى چىققان كېمىدىن باشقا كېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ كېمىگە چىققاندا، ئەيسانىڭ ئۇلار بىللە چىقمىغانلىقىنى، بەلكى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدى. \v 23 ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە-قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. \v 24 شۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيسانىڭ ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەيسانى ئىزدىگىلى كەپەرناھۇم شەھىرىگە ماڭدى. \v 25 ئۇلار ئۇنى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېپىپ ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ ــ دەپ سوراشتى.\f □ \fr 6:25 \ft \+bd «ئۇستاز»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «راببى».\f* \m \v 26 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن يەپ تويۇنغىنىڭلار ئۈچۈن ئىزدەيسىلەر. \v 27 بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى. \x + \xo 6:27 \xt مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 3‏:16؛ 4‏:14؛ 5‏:37؛ 6‏:40، 54؛ 8‏:18؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \m \v 28 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن: \m ــ نېمىگە ئىنتىلىپ ئىشلىسەك ئاندىن خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىگەن بولىمىز؟ ــ دەپ سوراشتى. \m \v 29 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتى دەل شۇكى، ئۇ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر، ــ دېدى.\x + \xo 6:29 \xt 1يۇھ. 3‏:23. \x* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە: \m ــ ئۇنداق بولسا سەن بىزنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرگۈدەك قانداق مۆجىزىلىك ئالامەت يارىتىسەن؟ زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىسەن؟ \x + \xo 6:30 \xt مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 1كور. 1‏:22. \x* \v 31 ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، \add زەبۇردا\add*: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى.\f □ \fr 6:31 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى»\+bd* ــ «زەب.» 24:78. \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ بۇنى ئەيساغا دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى: «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان» شۇ پەيغەمبەر ياكى مەسىھ بولساڭ، ئەمدى مۇساغا ئوخشاش ئاسماندىن نان («ماننا») چۈشۈرۈشۈڭگە توغرا كەلمەمدۇ؟» دېگەندەك مەنە ئىدى. ئەيسا ئۇلارغا «بۇ نان بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، خۇدادۇر» دەپ خاتالىقنى تۈزەتكەندىن كېيىن (32-ئايەت) ئۆزىنىڭ «ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي نان» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 6:31 \xt مىس. 16‏:4، 14؛ چۆل. 11‏:7؛ نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:24، 25؛ 1كور. 10‏:3. \x* \m \v 32 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ناننى بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاتامدۇر؛ ئۇ \add ھازىرمۇ\add* سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى بېرىۋاتىدۇ. \v 33 چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر. \m \v 34 ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 35 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. \x + \xo 6:35 \xt يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 4‏:14؛ 7‏:37. \x* \v 36 لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر. \m \v 37 ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. \v 38 چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. \x + \xo 6:38 \xt مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:36؛ لۇقا 22‏:42؛ يـۇھ. 5‏:30. \x* \v 39 مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. \f □ \fr 6:39 \ft \+bd «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى... ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت»\+bd* ــ «ئاخىرقى كۈنى» قىيامەت كۈنى.\f*  \x + \xo 6:39 \xt يـۇھ. 10‏:28؛ 17‏:12؛ 18‏:9. \x* \v 40 چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن.\x + \xo 6:40 \xt يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،54. \x* \m \v 41 ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ: «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى: \v 42 ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار.\x + \xo 6:42 \xt مات. 13‏:55؛ مار. 6‏:3. \x* \m \v 43 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ \add مېنىڭ توغرامدا\add* ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار. \v 44 مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. \x + \xo 6:44 \xt كۈي. 1‏:4؛ يـۇھ. 6‏:65. \x* \v 45 پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ \add سۆزىنى\add* تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. \x + \xo 6:45 \xt يەش. 54‏:13؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 8‏:10؛ 10‏:16. \x* \v 46 بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر.\f □ \fr 6:46 \ft \+bd «بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئەيسا ئەمەس، بەلكى روسۇل يۇھاننا چۈشەندۈرۈش يولىدا قوشۇپ يازغان، دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە ئىسپات كۆرمىگەچكە، يەنىلا ئەيسانىڭ ئۆز سۆزى، دەپ ئويلايمىز.\f*  \x + \xo 6:46 \xt مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 7‏:29؛ 8‏:19. \x* \m \v 47 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. \x + \xo 6:47 \xt يـۇھ. 3‏:16،36. \x* \v 48 ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن. \v 49 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى. \x + \xo 6:49 \xt مىس. 16‏:4؛ چۆل. 11‏:7؛ زەب. 78‏:24\x* \v 50 لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ. \f □ \fr 6:50 \ft \+bd «لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ»\+bd* ــ ياكى «لېكىن مانا، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدىغان، ئەرشتىن چۈشكەن نان مۇشۇ يەردىدۇر».\f* \v 51 ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.\x + \xo 6:51 \xt يـۇھ. 11‏:26؛ ئىبر. 10‏:5، 10. \x* \m \v 52 بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىقا باشلاپ: \m ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت-تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى.\x + \xo 6:52 \xt يـۇھ. 3‏:9. \x* \m \v 53 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ. \v 54 ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. \f □ \fr 6:54 \ft \+bd «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى»\+bd* ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».\f*  \x + \xo 6:54 \xt يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،40. \x* \v 55 چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. \v 56 ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. \f □ \fr 6:56 \ft \+bd «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى»\+bd* ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».\f* \v 57 ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ. \v 58 مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «\add ماننا\add*»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «\add ماننا\add*»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!\x + \xo 6:58 \xt يـۇھ. 3‏:13. \x* \m \v 59 بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى. \v 60 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا: \m ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى. \m \v 61 بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟ \v 62 ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟! \x + \xo 6:62 \xt مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:50؛ يـۇھ. 3‏:13؛ روس. 1‏:9؛ ئ‍ەف. 4‏:8. \x* \v 63 \add ئىنسانغا\add* ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر. \f □ \fr 6:63 \ft \+bd «ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ»\+bd* ــ «ئىنساننىڭ ئەتلىرى» ــ خۇداغا تايانمايدىغان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «ئەتئەتلەر» توغرۇلۇق بولغان ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر»\+bd* ــ دېمەك، روھىي مەنىدە، ئادەمنىڭ روھىغا ھايات كىرگۈزىدىغان، مەڭگۈلۈك ھايات يەتكۈزىدىغان.\f*  \x + \xo 6:63 \xt 2كور. 3‏:6. \x* \v 64 لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى).\x + \xo 6:64 \xt يـۇھ. 2‏:25؛ 13‏:11. \x* \m \v 65 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ!\x + \xo 6:65 \xt يـۇھ. 6‏:44. \x* \m \v 66 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى. \v 67 شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن: \m ــ سىلەرمۇ، ھەم \add مەندىن\add* كېتىشنى خالامسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 68 سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: \m ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر! \x + \xo 6:68 \xt روس. 5‏:20. \x* \v 69 ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىدۇرسەن! ــ دېدى.\x + \xo 6:69 \xt مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:29؛ لۇقا 9‏:20؛ يـۇھ. 11‏:27. \x* \m \v 70 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم ئەمەسمۇ، بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر! ــ دېدى \f □ \fr 6:70 \ft \+bd «بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر!»\+bd* ــ ياكى «بىراق ئاراڭلاردا بىرسى دۈشمەندۇر!». «ئىبلىس» دېگەن سۆزنىڭ ئۆز مەنىسى «دۈشمەن، ياۋ».\f*  \x + \xo 6:70 \xt لۇقا 6‏:13. \x* \v 71 (ئۇنىڭ بۇ دېگىنى ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدانى كۆرسەتكەنىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى بولغىنى بىلەن، كېيىن ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدۇ).\f □ \fr 6:71 \ft \+bd «ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا...»\+bd* ــ ياكى «سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى...».\f* \b \b \m \c 7 \s1 ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى \add شۇ يەردىكى\add* يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى. \v 2 بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى.\x + \xo 7:2 \xt لاۋ. 23‏:34. \x* \v 3 شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: \m ــ مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ \add كارامەت\add* ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ كارامەت ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!»\+bd* ــ ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم: «مۇھىم مۆتىۋەر كىشىلەرنىڭ كۆپى گالىلىيە دېگەن مۇشۇ نامرات، پىنھان جايدىن ئەمەس، بەلكى پايتەخت يېرۇسالېمدىدۇر؛ سەن شۇ يەردە ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي نام-ئىناۋىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭ بولىدۇ» دېگەندەك بولسا كېرەك. سەل غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىگىنى بىلەن (5-ئايەتنى كۆرۈڭ): «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولاي دېسەڭ، كارامەت ئەمەللىرىڭنى ئوچۇق مەيدانىدا كۆرسىتىشىڭ كېرەك» دېگەن گۇمانىي نەسىھەتنى بەرگەن (4-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 4 چۈنكى ئۆزىنى خەلق-ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى. \v 5 چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.\x + \xo 7:5 \xt مار. 3‏:21. \x* \m \v 6 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم ئىنتايىن ئاددىيدۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم خۇدانىڭ يېتەكچىلىكىنى ۋە باشپاناھلىقىنى ئىزدەپ يۈرىدۇ؛ لېكىن پەقەت ئۆز ئىرادىسىگە قارايدىغان كىشى خۇدانىڭ يېتەكچىلىكىنىڭ ۋە باشپاناھلىقىنىڭ كېرىكى يوق دەپ يۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ دۇنيادىكىلەردىن ھېچقانداق قارشىلىققا ياكى ئۆچمەنلىككە ئۇچرىمايدۇ، خالىغان يەرگە بېرىۋېرىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن كىشى تەبىئىي ھالدا بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارە قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ (7-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 7 بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.\x + \xo 7:7 \xt يـۇھ. 3‏:19؛ 14‏:17؛ 15‏:18. \x* \v 8 سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن بۇ ھېيتقا بارمايمەن»\+bd* ــ كۆپ كونا كۆچۈرمىلەردە «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن تېخى بۇ ھېيتقا بارمايمەن» ياكى «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن» دېگەن سۆز تېپىلىدۇ. «تېخى» ياكى «ھازىرچە» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە بولسۇن، بولمىسۇن، بەرىبىر ئايەتنىڭ مەنىسى ئاساسەن ئوخشاشتۇر؛ چۈنكى ئەيسا ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن ئاستىرتىن باردى (10-ئايەت). بەزىلەر «ھازىرچە» دېگەننى چۈشەندۈرۈش يولىدا كىرگۈزىدۇ.\f*  \x + \xo 7:8 \xt يـۇھ. 8‏:20. \x* \m \v 9 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى. \b \m \s1 كەپىلەر ھېيتىدا \m \v 10 ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى. \v 11 ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ: «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى.\x + \xo 7:11 \xt يـۇھ. 11‏:56. \x* \m \v 12 كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى. \x + \xo 7:12 \xt مات. 21‏:46؛ لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 6‏:14؛ 9‏:16؛ 10‏:19. \x* \v 13 بىراق يەھۇدىي \add چوڭلىرىدىن\add* قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى.\f □ \fr 7:13 \ft \+bd «يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدىيلاردىن قورقۇپ» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «يەھۇدىيلار» چوقۇم ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:13 \xt يـۇھ. 9‏:22؛ 12‏:42؛ 19‏:38. \x* \m \v 14 ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «..كىرىپ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «..چىقىپ».\f* \v 15 يەھۇدىيلار: \m ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.\f □ \fr 7:15 \ft \+bd «يەھۇدىيلار»\+bd* ــ بەلكىم يەھۇدىي چوڭلار.\f* \m \v 16 ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر. \x + \xo 7:16 \xt يـۇھ. 3‏:11؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:10، 24. \x* \v 17 ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ. \v 18 ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق-سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر. \v 19 مۇسا \add پەيغەمبەر\add* سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى.\f □ \fr 7:19 \ft \+bd «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟»\+bd* ــ ياكى «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيسىلەر؟».\f*  \x + \xo 7:19 \xt مىس. 20‏:1؛ 24‏:3؛ مات. 12‏:14؛ مار. 3‏:6؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:39؛ 11‏:53؛ روس. 7‏:53. \x* \m \v 20 كۆپچىلىك: \m ــ ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ! سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ ــ دېيىشتى.\f □ \fr 7:20 \ft \+bd «سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟»\+bd* ــ ياكى «سېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيدىغان كىم؟».\f*  \x + \xo 7:20 \xt يـۇھ. 8‏:48،52؛ 10‏:20. \x* \m \v 21 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار. \f □ \fr 7:21 \ft \+bd «مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار»\+bd* ــ بۇ «بىر كارامەت»، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدىنقى قېتىم يېرۇسالېمدا بولغاندا شابات كۈنىدە پالەچ ئادەمنى ساقايتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (23-ئايەت ۋە 5-بابنى كۆرۈڭ). ئەيسانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گەرچە بۇ مۆجىزە بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىدە تېخىچە بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. 22-24-ئايەتلەردە ئەيسا «شابات كۈنىدە ئادەمنى ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ»، دېگەن خىيالغا قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. بىزنىڭچە ئۇ ئەسلىدە ئۇلارنى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۆجىزىنى قەستەن شابات كۈنىدە ياراتقانىدى.\f* \v 22 ــ ئەمدى مۇسا \add پەيغەمبەر\add* سىلەرگە خەتنە قىلىش توغرۇلۇق ئەمر قالدۇرغان (ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان)، شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە \add توغرا كېلىپ قالسىمۇ\add* شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. \f □ \fr 7:22 \ft \+bd «ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان»\+bd* ــ «خەتنە قىلىش»نى خۇدا ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرگە (مۇسا پەيغەمبەردىن ئىلگىرى، ئەلۋەتتە) ئۆزىنىڭ ئىبراھىم ۋە ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان ئەھدىنىڭ سىمۋولى بولسۇن دەپ تاپشۇرغانىدى («يار.» 17-باب). \+bd «شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر»\+bd* ــ ئەمر بولسا «بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك» («يار.» 13:17). شۇنىڭ بىلەن «سەككىزىنچى كۈن» شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ (ۋە شابات كۈنى «ئىشلەش»كە بولمايدۇ) بالىنى سۈننەت قىلىۋېرىش كېرەك. بولمىسا تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق بولىدۇ.\f*  \x + \xo 7:22 \xt لاۋ. 12‏:3؛ يار. 17‏:10. \x* \v 23 ئەمدى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنمىسۇن دەپ شابات كۈنىدە ئادەم خەتنە قىلىنغان يەردە، مەن شابات كۈنىدە بىر ئادەمنى سەللىمازا ساقايتسام، سىلەر نېمە دەپ ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟ \v 24 سىرتقى قىياپەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بەلكى ھەققانىي ھۆكۈم قىلىڭلار!\x + \xo 7:24 \xt قان. 1‏:16،17؛ پەند. 24‏:23؛ ياق. 2‏:1. \x* \b \m \s1 ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھمىدۇ؟ \m \v 25 ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: \m ــ \add چوڭلار\add* ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشى بۇ ئەمەسمىدى؟ \v 26 ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمىدىغۇ! دەرۋەقە، ئاقساقاللارنىڭ ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنمۇ؟ \v 27 ھالبۇكى، بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز. لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 7:27 \ft \+bd «بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز»\+bd* ــ ئۇلار ئۇنى گالىلىيەلىك دەپ بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلغان، ئەلۋەتتە. \+bd «لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.»\+bd* ــ خالايىقنىڭ بۇ سۆزلىرى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى؛ بۇ كىشىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك يازمىلىرىنى تولۇق بىلمىگەن بولسا كېرەك. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى پەقەت مەسىھنىڭ تۇيۇقسىز نامايان بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بېشارەتلەرلا ئىدى.\f*  \x + \xo 7:27 \xt مات. 13‏:55؛ مار. 6‏:3؛ لۇقا 4‏:22. \x* \m \v 28 شۇڭا ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: \m ــ سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، \add دەۋاتىسىلەر\add*؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن \add كەلدىم\add*، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر. \f □ \fr 7:28 \ft \+bd «سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەۋاتىسىلەر؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن كەلدىم، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر»\+bd* ــ بۇ سۆز ئەيسانىڭ ئۇلارنىڭ «بۇ ئادەمنىڭ... قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز» دېگىنىگە رەددىيە قىلغان جاۋابى ئىدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانى تونۇغان بولسا ئەيسانىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى، لېكىن ئۇلار خۇدانى تونىمايتتى (ئايەتتىكى ئاخىرقى سۆزگە قاراڭ).\f*  \x + \xo 7:28 \xt يـۇھ. 5‏:43؛ 8‏:26، 42؛ رىم. 3‏:4. \x* \v 29 مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.\x + \xo 7:29 \xt يـۇھ. 10‏:15. \x* \m \v 30 شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. \f □ \fr 7:30 \ft \+bd «شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى...»\+bd* ــ «ئۇلار» بەلكىم يەنىلا چوڭلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:30 \xt مار. 11‏:18؛ لۇقا 19‏:47؛ 20‏:19؛ يـۇھ. 7‏:19؛ 8‏:20، 37. \x* \v 31 لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق \add مۆجىزە\add* يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى.\x + \xo 7:31 \xt يـۇھ. 8‏:30. \x* \b \m \s1 ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن قاراۋۇللارنىڭ ئەۋەتىلىشى \m \v 32 پەرىسىيلەر خالايىقنىڭ ئۇ توغرۇلۇق غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر بىلەن باش كاھىنلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بىرنەچچە قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى. \f □ \fr 7:32 \ft \+bd «قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى». لېكىن بىزنىڭچە 30- ۋە 44-ئايەتلەر (لاۋىيلاردىن بولغان) مۇشۇ كىشىلەرنى ئايرىم كۆرسىتىدۇ.\f* \v 33 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا: \m ــ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن، ئاندىن مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. \x + \xo 7:33 \xt يـۇھ. 16‏:16. \x* \v 34 مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، ــ دېدى.\x + \xo 7:34 \xt يـۇھ. 8‏:21؛ 13‏:33. \x* \m \v 35 بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە: \m ــ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ \f □ \fr 7:35 \ft \+bd «ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «گرېكلەر» قانائاننىڭ (پەلەستىننىڭ) سىرتىدا تۇرغان بارلىق يات ئەللىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.\f* \v 36 «مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \b \m \s1 ھاياتلىق سۈيى \m \v 37 ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ \m كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن! \f □ \fr 7:37 \ft \+bd «ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!»\+bd* ــ ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى دەل خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى چۆلدىكى ۋاقتىدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن مۆجىزە ياراتقان خاتىرە كۈنىدە ئېيتقان.\f*  \x + \xo 7:37 \xt لاۋ. 23‏:36؛ يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 6‏:35؛ ۋەھ. 22‏:17. \x* \v 38 ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ! ــ دەپ جاكارلىدى \f □ \fr 7:38 \ft \+bd «ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!»\+bd* ــ «مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغاندەك» ــ «يەش.» 11:58 ۋە «ئەز.» 1:47-12نى كۆرۈڭ. \fp «زەب.» 15:78-16، «پەند.» 23:4، «يەش.» 3:44، 1:55، «ئەز.» 1:47-12، «يو.» 18:3، «زەك.» 1:13، 8:14مۇ بەلكىم «مۇقەددەس روھنىڭ تۆكۈلۈشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.\f*  \x + \xo 7:38 \xt يەش. 12‏:3. \x* \v 39 (ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. \add خۇدانىڭ\add* روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى).\x + \xo 7:39 \xt يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27-29؛ روس. 2‏:17. \x* \b \m \s1 خەلقنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى \m \v 40 خالايىق ئىچىدە بەزىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: \m ــ \add كېلىشى مۇقەررەر بولغان\add* پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 7:40 \ft \+bd «كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «قان.» 15:18دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 7:40 \xt مات. 21‏:46؛ لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 6‏:14. \x* \m \v 41 بەزىلەر: «بۇ مەسىھ ئىكەن!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ياق، مەسىھ گالىلىيەدىن كېلەتتىمۇ؟ \x + \xo 7:41 \xt يـۇھ. 1‏:47؛ 4‏:42. \x* \v 42 مۇقەددەس يازمىلاردا، مەسىھ \add پادىشاھ\add* داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ھەم داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم يېزىسىدىن كېلىدۇ، دېيىلمىگەنمىدى؟» ــ دېيىشتى.\x + \xo 7:42 \xt زەب. 132‏:11؛ مىك. 5‏:1؛ مات. 2‏:6. \x* \m \v 43 بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ئۇنىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. \v 44 بەزىلىرى ئۇنى تۇتايلى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى. \b \m \s1 يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادسىزلىقى \m \v 45 قاراۋۇللار \add ئىبادەتخانىدىن\add* باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار قاراۋۇللارغا: \m ــ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ ــ دەپ سوراشتى. \m \v 46 قاراۋۇللار: \m ــ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. \m \v 47 پەرىسىيلەر ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ سىلەرمۇ ئازدۇرۇلدۇڭلارمۇ؟ \v 48 ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بولغانمۇ؟! \x + \xo 7:48 \xt يەش. 33‏:18؛ يـۇھ. 12‏:42؛ 1كور. 1‏:20؛ 2‏:8. \x* \v 49 لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 7:49 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ!»\+bd* ــ «چۈپرەندىلەر» ئاددىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ. ئاقساقاللار ۋە پەرىسىيلەر ئۇلارنى ئىنتايىن كەمسىتەتتى.\f* \m \v 50 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن ئاخشامدا ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا:\x + \xo 7:50 \xt يـۇھ. 3‏:2؛ 19‏:39. \x* \m \v 51 ــ تەۋرات قانۇنىمىز ئاۋۋال كىشىنىڭ نېمە قىلغىنىنى ئۆزىدىن ئاڭلاپ بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرامدۇ!\x + \xo 7:51 \xt مىس. 23‏:1؛ لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17؛ 17‏:8؛ 19‏:15. \x* \m \v 52 ئۇلار جاۋاب قىلىپ: ــ سەنمۇ گالىلىيەدىنمۇ؟ \add مۇقەددەس يازمىلارنى\add* كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ! ــ دېدى.\f □ \fr 7:52 \ft \+bd «مۇقەددەس يازمىلارنى كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ!»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدە گالىلىيەلىك بولغان يۇنۇس پەيغەمبەرنى قەستەن ئۇنتۇغانىدى. چۈنكى تەۋراتنىڭ «يۇنۇس پەيغەمبەر» دېگەن قىسمىدا، خۇدانىڭ \+bd يەھۇدىي ئەمەسلەرگە\+bd* نىجات پۇرسىتىنى يەتكۈزگەنىلىكى ئېنىق خاتىرىلىنىدۇ. ئۇلار يەنە «يەش.» 12:8دىكى بېشارەت، يەنى مەسىھنىڭ ئۆز خىزمىتىنى گالىلىيەدە باشلايدىغانلىقى توغرۇلۇق بېشارەتنى قەستەن ئۇنتۇغان ئوخشايدۇ.\f* \m \v 53 شۇنىڭ بىلەن \add ئۇلارنىڭ\add* ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى.\f □ \fr 7:53 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى»\+bd* ــ «ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى» دېگەنلىك بەلكىم نىكودىمنىڭ سوئالى ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا سانجىلغان بولسا كېرەك.\f* \b \b \m \c 8 \s1 زىنا ئۈستىدە تۇتۇلغان ئايال \m \v 1 ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. \v 2 ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. \v 3 \add شۇ چاغدا\add*، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، \v 4 ئىنىڭدىن: \m ــ ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى.\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى»\+bd* ــ «زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان» ئايال بار ئىدى، لېكىن ئەركەك قېنى؟\f* \v 5 مۇسا \add پەيغەمبەر\add* تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان. ئەمدى سەنچە، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.\f □ \fr 8:5 \ft \+bd «مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان»\+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار پەقەت «ئاياللار»نى تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەۋرات قانۇنى بويىچە زىنا قىلغان ئەركەكلەرنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 8:5 \xt لاۋ. 20‏:10؛ قان. 22‏:22. \x* \v 6 ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.\f □ \fr 8:6 \ft \+bd «ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى»\+bd* ــ ئەگەر ئەيسا «بۇ ئايالغا رەھىم قىلىش كېرەك» دېسە، ئۇلار دەرھال «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى ئۈندەيسەن، دەيتتى. باشقا بىر تەرەپتىن، شۇ چاغدا يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى ئاستىدا تۇرغاچقا، يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ھېچكىمگە ئۆلۈم جازاسىنى بەجا كەلتۈرۈش ھوقۇقى يوق ئىدى. شۇڭا ئەگەر ئەيسا «چالما-كېسەك قىلىنسۇن» دېسە، ئۇ چاغدا ئۇلار رىملىقلارغا «مۇشۇ كىشى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقتى!» دېگەندەك شىكايەت قىلاتتى.\f* \v 7 ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا: \m ــ ئاراڭلاردىكى كىم گۇناھسىز بولسا، \add بۇ\add* \add ئايالغا\add* بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! ــ دېدى.\x + \xo 8:7 \xt قان. 17‏:7. \x* \m \v 8 ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى.\x + \xo 8:8 \xt يەر. 17‏:13\x* \v 9 ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ \add ھەممىسى\add* ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. \f □ \fr 8:9 \ft \+bd «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى» دېيىلىدۇ.\f* \v 10 ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن: \m خانىم، ساڭا ھېلىقى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سېنى گۇناھقا بېكىتىدىغان ھېچكىم چىقمىدىمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، \v 11 ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال. \m ئەيسا: \m ــ مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن! ــ دېدى.\f □ \fr 8:11 \ft \+bd «مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن!»\+bd* ــ 53:7-11:8-ئايەتلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. بىزنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبى، بۇ «زىنا گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى» توغرىسىدىكى ئايەتلەر بەزى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ زىتىغا قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 8:11 \xt يـۇھ. 5‏:14. \x* \b \m \s1 ئەيسا دۇنيانىڭ نۇرىدۇر \m \v 12 شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: \m ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 8:12 \xt يەش. 42‏:16؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 9‏:5؛ 12‏:35،36. \x* \m \v 13 پەرىسىيلەر: \m ــ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭ راست ھېسابلانمايدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 14 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر. \x + \xo 8:14 \xt يـۇھ. 5‏:31. \x* \v 15 سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. \f □ \fr 8:15 \ft \+bd «سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر»\+bd* ــ «ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەتلەر» كۆپ يەرلەردە ئىنسانلارنىڭ خۇداغا تايانماي ئۆزلۈكىدىن ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 16 مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا \add بۇ ئىشتا\add* مەن بىلەن بىللىدۇر. \f □ \fr 8:16 \ft \+bd «بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنيادا تۇرغاندا \+bd كىشىلەرنىڭ\+bd* ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايتتى (سوراققا تارتمايتتى)، بەلكى ئ\+bd ۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ\+bd* ئۈستىگە، توغرا، توغرا ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلاتتى. پەقەت ئاخىرەتكە كەلگەندە ئاندىن ئۇ بارلىق كىشىلەرنى سوراققا تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر بولسا ئۆزلىرىنى سوراقچى، مەسىھنى سوراققا تارتىش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايتتى. \+bd «مېنى ئەۋەتكەن ئاتا بۇ ئىشتا مەن بىلەن بىللىدۇر»\+bd* ــ «بۇ ئىشتا» دېگەن سۆزلەر ئەينى تېكىستتە بولمىسىمۇ، مەنىسى دەل «مېنىڭ ھۆكۈم قىلغىنىم پەقەت ئۆزۈمدىن ئەمەس، بۇنىڭدا ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر» دېگەندەكتۇر.\f* \v 17 سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 8:17 \ft \+bd «سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىڭلاردا» دېيىلىدۇ. بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپتۇر. پەرىيسىلەر دائىم: «تەۋرات قانۇنىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر پەقەت بىزلەرمىز» دەپ ھالىنى چوڭ قىلىپ يۈرۈشەتتى. ئەمەلىيەتتە «تەۋرات قانۇنى» خۇدانىڭ بارلىق خەلقىگە تەۋە ئىدى، ئەلۋەتتە. 34:10 ۋە 25:15نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ «قان.» 6:17.\f*  \x + \xo 8:17 \xt چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28. \x* \v 18 راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.\x + \xo 8:18 \xt مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 5‏:37؛ 6‏:27. \x* \m \v 19 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى. \m ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 8:19 \xt يـۇھ. 14‏:9؛ 16‏:3. \x* \m \v 20 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.\f □ \fr 8:20 \ft \+bd «سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا»\+bd* ــ ياكى «خەزىنىدە».\f*  \x + \xo 8:20 \xt يـۇھ. 7‏:30. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئېتىقادسىزلارغا ئاگاھ بېرىشلىرى \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە: \m مەن بۇ يەردىن كېتىمەن؛ سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن ئۆز گۇناھىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، ــ دېدى.\x + \xo 8:21 \xt يـۇھ. 7‏:34؛ 13‏:33. \x* \m \v 22 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار: \m ــ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگىنىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \m \v 23 ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن. \x + \xo 8:23 \xt يـۇھ. 3‏:31. \x* \v 24 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «\add ئەزەلدىن\add* بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.\f □ \fr 8:24 \ft \+bd «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «مەن بولىمەن» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر». «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ياكى ««مەن بولىمەن» ــ بۇ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە ئاشكارىلىغان نامى بولۇپ («مىس.» 14:3)، ئەيسامۇ بۇ نامنى ئۆزىگە قوللانغان. باشقا بىر تەرجىمىسى: «مېنىڭ \+bd ئۇ\+bd* (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە...». لېكىن «يۇھاننا»دا ئوخشاش شۇ ئىبارە تېپىلىدىغان كۆپ باشقا ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا (مەسىلەن، 28-، 58-ئايەت) بۇ تەرجىمىمىز توغرا بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 8:24 \xt يـۇھ. 8‏:21. \x* \m \v 25 سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. \m ئەيسا ئۇلارغا: ــ باشتا سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. \v 26 ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:26 \ft \+bd «ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن»\+bd* ــ مەسىھنىڭ پەرىسىيلەرگە ئېيتقان باشقا كۆپ سۆزلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۆزى ئىنتايىن ئىخچامدۇر. بىزنىڭچە ئومۇمىي مەنىسى: «سىلەر توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىم بار. بۇ سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭلار مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمدىن ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامدىندۇر؛ شۇڭا ئىشىنىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى نېمىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام، شۇنى دۇنياغا ئېيتىمەن» دېگەندەك بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 8:26 \xt يـۇھ. 7‏:28؛ 15‏:15؛ رىم. 3‏:4. \x* \m \v 27 ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. \f □ \fr 8:27 \ft \+bd «ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى»\+bd* ــ «ئاتا» ئۆز ئاتىسى خۇدا، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، مەسىھنىڭ نېمىشقا بەزىدە پەقەت «ئاتا» ۋە باشقا يەرلەردە «ئاتام» دېيىشىنى تەتقىق قىلىش بەك پايدىلىق ئىشتۇر.\f* \v 28 شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: \m سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «\add ئەزەلدىن\add* بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. \f □ \fr 8:28 \ft \+bd «سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن...»\+bd* ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى» ئاۋۋال ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى، ئاندىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشىنمۇ كۆرسىتىدۇ. 32:12-34نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر»\+bd* ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:28 \xt چۆل. 21‏:9؛ 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:11، 14؛ 7‏:16؛ 12‏:32، 49؛ 14‏:10. \x* \v 29 مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.\x + \xo 8:29 \xt يـۇھ. 14‏:10؛ 16‏:32. \x* \m \v 30 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.\x + \xo 8:30 \xt يـۇھ. 7‏:31. \x* \b \m \s1 ھەقىقىي ئەركىنلىك توغرۇلۇق \m \v 31 ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: \m ــ ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، \v 32 ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 8:32 \xt رىم. 6‏:18؛ گال. 5‏:1؛ 1پېت. 2‏:16. \x* \m \v 33 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز ئىبراھىمنىڭ نەسلىمىز، ــ ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قۇللۇقىدا بولمىدۇق. سەن قانداقسىگە: ئازادلىققا ئېرىشسىلەر، دەيسەن؟ ــ دېدى.\x + \xo 8:33 \xt مات. 3‏:9. \x* \m \v 34 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر. \x + \xo 8:34 \xt رىم. 6‏:20؛ 2پېت. 2‏:1. \x* \v 35 قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. \f □ \fr 8:35 \ft \+bd «قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، بىرسى «قۇل» بولسا (مۇشۇ يەردە «گۇناھنىڭ قۇلى») ھەرقانداق ئۆي ئىگىسى بىلەن مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزاسى بولالمايدۇ؛ پەقەت ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنلا مەڭگۈلۈك مۇناسىۋىتى بولىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوغلى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى «ئۆي ئىگىسى» خۇدا بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ تولۇق ھوقۇقلۇق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئىش 36-ئايەتتىكى ھەقىقەت بىلەن زىچ باغلىنىدۇ.\f* \v 36 شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر. \f □ \fr 8:36 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. «قۇل» «قۇل»نى ئازاد قىلمايدۇ، «قۇل»نى ئازاد قىلالايدىغان پەقەت ئۆزى ئازاد بولغان كىشى، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇ دۇنيادا كىم گۇناھدىن ئازادتۇر؟ مەسىھدىن باشقا ھەربىر كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، ھەقىقىي ئازاد بولغان كىشى پەقەت «ئوغۇل»، يەنى مەسىھدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىلارنى (ئۇلاردا ئېتىقاد بولسا) گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئازاد قىلالايدۇ.\f*  \x + \xo 8:36 \xt رىم. 8‏:2. \x* \v 37 سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى. \v 38 مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!\f □ \fr 8:38 \ft \+bd «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!»\+bd* ــ ياكى «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!».\f*  \x + \xo 8:38 \xt يـۇھ. 3‏:11؛ 7‏:16؛ 12‏:49؛ 14‏:10، 24. \x* \m \v 39 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. \m ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! \x + \xo 8:39 \xt رىم. 2‏:28؛ 9‏:7. \x* \v 40 بىراق ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەيسىلەر. ئىبراھىم ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. \x + \xo 8:40 \xt يـۇھ. 17‏:17. \x* \v 41 سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! ــ دېدى. \m ــ بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز! بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! ــ دېيىشتى ئۇلار.\f □ \fr 8:41 \ft \+bd «سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر!»\+bd* ــ «ئۆز ئاتاڭلار» ــ ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 44-ئايەتنى كۆرۈڭ. \+bd «بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز!»\+bd* ــ بۇ دارىتما گەپ. ئۇلار ئەيسانىڭ مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى «بىر ئاتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس»، بەلكى «ھارامدىن بولغان» دەپ پۇرىتىپ، ئۇنىڭدىن ئېۋەن تاپماقچى ئىدى.\f* \m \v 42 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. \f □ \fr 8:42 \ft \+bd «مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەن خۇدانىڭ ئىچىدىن چىقىپ...».\f*  \x + \xo 8:42 \xt يـۇھ. 5‏:43؛ 7‏:29. \x* \v 43 سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! \v 44 سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. \f □ \fr 8:44 \ft \+bd «... \+bd*\+bdit ئىبلىس\+bdit* يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر» ــ ياكى «... ئۇ (ئىبلىس) يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر».\f*  \x + \xo 8:44 \xt يار. 3‏:1؛ 2كور. 11‏:3؛ 1يۇھ. 3‏:8. \x* \v 45 لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. \v 46 قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ \v 47 خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر!\x + \xo 8:47 \xt يـۇھ. 6‏:37؛ 10‏:26،27؛ 1يۇھ. 4‏:6. \x* \m \v 48 يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.\f □ \fr 8:48 \ft \+bd ««سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن»\+bd* ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار كۆزگە ئىلمايدىغان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە سامارىيەلىكلەر خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغان كاپىرلار ۋە جىن تەگكەنلەردۇر.\f*  \x + \xo 8:48 \xt يـۇھ. 7‏:20؛ 10‏:20. \x* \m \v 49 ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. \x + \xo 8:49 \xt يـۇھ. 7‏:18. \x* \v 50 مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم \add ئۇنىڭ ئۈستىدىن\add* ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار. \v 51 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ.\x + \xo 8:51 \xt يـۇھ. 5‏:24؛ 11‏:25. \x* \m \v 52 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: \m ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا \add ھەزرىتى\add* ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟ \v 53 ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟\x + \xo 8:53 \xt ئىبر. 11‏:13. \x* \m \v 54 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. \v 55 سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تۇتىمەن. \v 56 ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى.\f □ \fr 8:56 \ft \+bd «ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى»\+bd* ــ ئەيسانىڭ «مېنىڭ كۈنۈم» دېگىنى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە: (1) ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ شان-شەرەپ ئىچىدە قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم قاچان ئالدىنئالا بۇنى كۆرگەن؟ يەھۇدىي «راببىلار»نىڭ كۆپىنچىسى «ئىبراھىم ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشقا سۇنغان ۋاقىتتا باقىي ئالەم ئۇنىڭغا ئايان قىلىنغان» دەپ قارايتتى ۋە بىزمۇ بۇ پىكىرگە مايىلمىز.\f*  \x + \xo 8:56 \xt يار. 17‏:17؛ لۇقا 10‏:24؛ ئىبر. 11‏:13. \x* \m \v 57 ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 58 ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! ــ دېدى.\f □ \fr 8:58 \ft \+bd «ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن!»\+bd* ــ «مەن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگىنى يەنىلا «مىس.» 14:3دە، مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان، خۇدانىڭ «مەن ئۆزۈمدۇرمەن»، ياكى بولمىسا «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن ئۇلۇغ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسانىڭ بۇ نامنى ئۆزىگە ئالغىنى ئۇنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىيلار ئۇنىڭ بۇ گېپىنى توغرا چۈشىنىدۇ، لېكىن قەتئىي ئىشەنمەيدۇ (59-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 59 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى؛ لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 8:59 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنەتتى، لېكىن ئىشەنمەي «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى!» دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. \+bd «لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى»\+bd*  ــ بەزى كۆنا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:59 \xt لۇقا 4‏:29؛ يـۇھ. 10‏:31،39؛ 11‏:8. \x* \b \b \m \c 9 \s1 ئەيسانىڭ تۇغما قارىغۇنى ساقايتىشى \m \v 1 ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. \v 2 مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: \m ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.\f □ \fr 9:2 \ft \+bd «ئۇستاز»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «راببى».\f* \m \v 3 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. \v 4 كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك»\+bd* ــ ياكى «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك». \+bd «كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ»\+bd* ــ ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە بولىدىغان خىزمىتىگە بەلكىم پەقەت ئالتە ئاي قالغان بولسا كېرەك.\f* \v 5 مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.\x + \xo 9:5 \xt يەش. 42‏:6؛ لۇقا 2‏:32؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 12‏:35،46؛ روس. 13‏:47. \x* \m \v 6 بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى\x + \xo 9:6 \xt مار. 8‏:23. \x* \v 7 ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» \add ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ\add*، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى.\f □ \fr 9:7 \ft \+bd «سىلوئام»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلوھا». \+bd \+bdit ئەيسا\+bdit* ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى... ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى» ــ بۇ كور ئادەم ئىبادەتخانىغا يېقىن جايدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بولسا، ئىبادەتخانىدىن «سىلوئام كۆلچىكى»گە بىر كىلومېتردەك كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپەر كور ئادەمنىڭ ئىشەنچىگە نىسبەتەن خېلى بىر سىناق ئىدى. لاي قاتتىقلاشقاندىن كېيىن ئۇ كۆزلىرىنى ھېچ ئاچالمىغان ھالدا مۇشۇ ئۇزۇن يولنى مېڭىشى كېرەك ئىدى. بۇ كور ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولنى بىكار ماڭسا كۆپ «تىلەمچىلىك ۋاقتى» ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى.\f* \v 8 قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: \m ــ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشىپ كەتتى.\x + \xo 9:8 \xt روس. 3‏:2. \x* \m \v 9 بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. \m بىراق ئۇ ئۆزى: \m ــ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! ــ دېدى. \m \v 10 ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. \m \v 11 ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى \add تۈكۈرۈكىدىن\add* لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويىۋىدى، ماڭا: «سىلوئام كۆلچىكىگە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېگەنىدى. مەن بېرىپ يۇيۇۋىدىم، كۆرەلەيدىغان بولدۇم. \m \v 12 ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. \m ــ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئۇ. \b \m \s1 پەرىسىيلەرنىڭ مۆجىزىنى سۈرۈشتۈرۈشى \m \v 13 خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى \v 14 (ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى). \x + \xo 9:14 \xt مات. 12‏:1؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1؛ يـۇھ. 5‏:9. \x* \v 15 شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي \add سۈرۈپ\add* قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى. \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: \m ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. \m يەنە بەزىلىرى: \m ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى. \m بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. \f □ \fr 9:16 \ft \+bd «ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ»\+bd* ــ ئۇلار «ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ» دەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەيسانىڭ تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىشنى «ئەمگەك قىلىش»، شۇنداقلا شاباتنىڭ «دەم ئېلىش پرىنسىپى»نى بۇزۇش، دەپ قارايتتى. ئەيسا بولسا «ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك» دېگەنىدى (4-ئايەت). دېمەك، «ئىش قىلغۇچى» ياكى «ئەمەل قىلغۇچى» ئەسلىدە خۇدا ئۆزىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كىم شۇنداق مۆجىزە يارىتايتتى؟\f*  \x + \xo 9:16 \xt يـۇھ. 3‏:2؛ 7‏:12؛ 9‏:33؛ 10‏:19. \x* \v 17 ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: \m ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. \m ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى.\x + \xo 9:17 \xt لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14. \x* \m \v 18 يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، \v 19 ئۇلاردىن: \m ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى. \m \v 20 ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛ \v 21 لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، \add بۇنى\add* ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 22 ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى. \f □ \fr 9:22 \ft \+bd «يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى»\+bd* ــ «سىناگوگتىن چىقىرىلىش»نىڭ نەتىجىسى، جەمئىيەتتىكىلەردىن ھېچكىم سىناگوگتىن چىقىرىلغان كىشى بىلەن باردى-كەلدى قىلمايتتى.\f*  \x + \xo 9:22 \xt يـۇھ. 7‏:13؛ 12‏:42. \x* \v 23 شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، \add بۇنى\add* ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. \m \v 24 پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا: \m ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ \add قەسەم قىل\add*! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 9:24 \ft \+bd «خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ قەسەم قىل»\+bd* ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «قەسەم قىل» دېگەن سۆز يوق ئىدى. بۇ ئايەتتە شۇ سۆز بولمىسىمۇ، شۇ مەنە چىقىپ تۇرىدۇ (مەسىلەن «يەشۇئا» 19:7نى كۆرۈڭ). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى «ئەيساغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا شان-شەرەپ بەر» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «خۇدانى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن راست گەپ قىل، بۇ مۆجىزە ئەسلىدە چوڭ بىر ئالدامچىلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 9:24 \xt يە. 7‏:19. \x* \m \v 25 ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. \m \v 26 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم: \m ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى. \m \v 27 ئۇ جاۋابەن: \m ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى. \m \v 28 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ: \m ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا \add پەيغەمبەرنىڭ\add* مۇخلىسلىرىمىز. \v 29 خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. \m \v 30 ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: \m ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى. \v 31 بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. \x + \xo 9:31 \xt زەب. 66‏:18؛ پەند. 15‏:29؛ 28‏:9؛ يەش. 1‏:15؛ مىك. 3‏:4. \x* \v 32 دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. \v 33 ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى. \m \v 34 ئۇلار ئۇنى: \m ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى \add سىناگوگتىن\add* قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى.\f □ \fr 9:34 \ft \+bd «ئۇلار... ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى»\+bd* ــ 22-ئايەت ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 روھىي قارىغۇلۇق \m \v 35 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى \add سىناگوگتىن\add* قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: \m سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 9:35 \ft \+bd «سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «سەن، ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟» دەپ پۈتۈلگەن.\f* \m \v 36 ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى. \m \v 37 ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. \m \v 38 ھېلىقى ئادەم: \m ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. \m \v 39 ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا.\f □ \fr 9:39 \ft \+bd «مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم»\+bd* ــ «ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم» ــ بۇ «ھۆكۈم» توغرۇلۇق «يەش.» 1:42 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بۇ قانداق «ھۆكۈم»؟ بىزنىڭچە يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدە ئېيتىلغاندەك ئاز دېگەندە بۇ «ھۆكۈم»نىڭ ئۆچ تەرىپى باردۇر: (1) ئېتىقادچىلارغا توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈش؛ (2) خۇدانىڭ كۆپ ئىشلار ئۈستىدىكى ھۆكۈملىرىنى بىلدۈرۈش؛ (3) مەسىھنىڭ خەۋىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ياكى يورۇق ياكى تېخىمۇ قاراڭغۇ، كور قىلىش؛ خۇددى يەشايا پەيغەمبەر ئۆز ۋاقتىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئىسرائىلغا يەتكۈزگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالى «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر» («يەش.» 9:6-10) دېگەندەك بولغانغا ئوخشاش. «يەش.» 18:44نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:39 \xt يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47. \x* \m \v 40 ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: \m ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. \v 41 ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى. \b \b \m \c 10 \s1 ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىدۇ ــ «مەن ياخشى قوي باققۇچىدۇرمەن» \m \v 1 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. \v 2 ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر. \v 3 ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ.\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ...»\+bd* ــ «ئىشىك باقار» بەلكىم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ئايەت ھەم 4-ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك، «مىك.» 13:2 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى قويچىلار دەل شۇنداق يول بىلەن قويلارنى باقىدۇ. قويچى بارلىق قويلارغا ئىسىم قويۇپ ئۇلارنى بۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىدۇ. ئۇ دائىم «قويلىرىنى باشلايدۇ»، ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئادەتتە قويچىنىڭ قويلارنى «ھەيدەش»نىڭ ھېچ ھاجىتى يوق.\f* \v 5 لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. \m \v 6 ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى. \v 7 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن.\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن»\+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتە پادىچىلار كېچىدە قويلارنى قوغداش ئۈچۈن قوتاننىڭ ئاغزىدا توغرىسىغا يېتىپ ئۇخلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى «قويلارنىڭ ئىشىكى» دەيدۇ. ئۇنداق قويچىلار ھەركۈنى «ئۆز قويلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ».\f* \v 8 مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى»\+bd* ــ بۇ يەردە ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى «ئىسرائىلنى باققۇچىلار» دەپ ئاتىۋالغانلار ــ يەنى پەرىسىيلەر، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى، شۇنداقلا ئۆزىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان «ساختا مەسىھلەر» (مەسىلەن، «روس.» 36:5-37)دىن ئىبارەت. ئىسرائىلغا باققۇچى بولۇش كېرەك بولغانلار ئەكسىچە پادىدىن پايدا-مەنپەئەت ئالىدىغانلارغا ئايلاندۇرۇلغان («يەر.» 23-باب، «ئەز.» 34-بابنى كۆرۈڭ).\f* \v 9 ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. \x + \xo 10:9 \xt يـۇھ. 14‏:6. \x* \v 10 ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم.\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ»\+bd* ــ «ئۆلتۈرۈش» گرېك تىلىدا «بوغۇزلاش».\f* \m \v 11 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ. \f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ»\+bd* ــ «\+bd ياخشى\+bd* پادىچى» بولغاندىن كېيىن باشقا خىل پادىچىلار بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 10:11 \xt يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:11، 12، 15، 22، 23؛ مىك. 1‏:14؛ ئىبر. 13‏:20؛ 1پېت. 5‏:4. \x* \v 12 لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. \f □ \fr 10:12 \ft \+bd «بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «بۆرە كېلىپ قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ».\f*  \x + \xo 10:12 \xt زەك. 11‏:16. \x* \v 13 ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ. \m \v 14‏-15 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. \x + \xo 10:14‏-15 \xt 2تىم. 2‏:19؛ مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 7‏:29. \x* \v 16 بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.\f □ \fr 10:16 \ft \+bd «بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ... شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ»\+bd* ــ ھېچقانداق شۈبھە يوقكى، مۇشۇ يەردە «بۇ قوتاندىن بولمىغان»لار مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:16 \xt ئ‍ەز. 37‏:22. \x* \m \v 17 ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. \x + \xo 10:17 \xt يەش. 53‏:12. \x* \v 18 جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن.\x + \xo 10:18 \xt يـۇھ. 2‏:19. \x* \m \v 19 بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. \x + \xo 10:19 \xt يـۇھ. 7‏:12؛ 9‏:16. \x* \v 20 ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر: \m ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى.\x + \xo 10:20 \xt يـۇھ. 7‏:20؛ 8‏:48، 52. \x* \m \v 21 يەنە بەزىلەر بولسا: \m ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى.\x + \xo 10:21 \xt مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9؛ 146‏:8\x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ چەتكە قېقىلىشى \m \v 22 قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. \f □ \fr 10:22 \ft \+bd «قايتا بېغىشلاش ھېيتى»\+bd* ــ (ئىبادەتخانىنى) «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» بولسا مىلادىيەدىن ئىلگىرى 164-يىلى «يەھۇدا ماككابۇس» ئىبادەتخانىنى يۇناندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى قايتىدىن خۇدانىڭ يولىغا ئاتاپ بېغىشلىغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان ھېيت. بۇ ھېيت يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھازىرغىچە «خاننۇكاھ» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \v 23 ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى. \x + \xo 10:23 \xt 1پاد. 6‏:3؛ روس. 3‏:11؛ 5‏:12. \x* \v 24 يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: \m ــ بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 10:24 \ft \+bd «بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «جېنىمىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟».\f* \m \v 25 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. \x + \xo 10:25 \xt يـۇھ. 5‏:36. \x* \v 26 بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. \v 27 مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. \x + \xo 10:27 \xt يـۇھ. 8‏:47. \x* \v 28 مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. \x + \xo 10:28 \xt يـۇھ. 6‏:39؛ 17‏:12؛ 18‏:9. \x* \v 29 ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ. \v 30 مەن ۋە ئاتا \add ئەسلىدىنلا\add* بىردۇرمىز.\f □ \fr 10:30 \ft \+bd «مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز»\+bd* ــ «قان» 39:32نى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ «بىر» دېگىنى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ خۇدائاتا بىلەن بىرگە بىر بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.\f*  \x + \xo 10:30 \xt يەش. 54‏:5؛ يـۇھ. 5‏:19؛ 14‏:9؛ 17‏:5. \x* \m \v 31 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى.\x + \xo 10:31 \xt يـۇھ. 8‏:59؛ 11‏:8. \x* \m \v 32 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. \m \v 33 ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن.\x + \xo 10:33 \xt يـۇھ. 5‏:18. \x* \m \v 34 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 10:34 \ft \+bd «سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇن»\+bd* ــ 17:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \+bd «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 6:82دە تېپىلىدۇ. تولۇق ئېيتساق «مەن ئېيتتىم: ــ سىلەر ئىلاھلار ئىكەنسىلەر؛ ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرىسىلەر» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە سوت مەجلىسىگە قاتناشقان «ئىلاھلار»غا، يەنى خۇدانىڭ خەلقىگە سوراقچى بولغان ياكى ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھەرقانداق ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەرگە ئېيتىلغانىدى. ئۇلار مۇشۇ ئىشتا، ھەممىنى سوراق قىلغۇچى خۇداغا ئوخشاپ كەتكەچكە، «ئىلاھلار» دېيىلىدۇ. 35-36-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «زەب.» 1:82دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:34 \xt زەب. 82‏:6\x* \v 35 خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ) \v 36 نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ \f □ \fr 10:36 \ft \+bd «نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟»\+bd* ــ بۇ 36-ئايەت بويىچە، خۇدا «زەبۇر»دا «خۇدانىڭ \+bd سۆز-كالامى يەتكۈزۈلگەنلەر\+bd*»نى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە، \+bd خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئۆزى\+bd* دۇنياغا كەلگەندە، «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، بۇ قانداقمۇ كۇپۇرلۇق بولىدۇ؟\f*  \x + \xo 10:36 \xt يـۇھ. 5‏:1؛ 6‏:27. \x* \v 37 ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار. \x + \xo 10:37 \xt يـۇھ. 15‏:24. \x* \v 38 بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.\x + \xo 10:38 \xt يـۇھ. 14‏:11؛ 17‏:21. \x* \m \v 39 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى. \x + \xo 10:39 \xt لۇقا 4‏:29؛ يـۇھ. 8‏:59. \x* \v 40 ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا \add پەيغەمبەر\add* دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.\x + \xo 10:40 \xt يـۇھ. 1‏:28؛ 3‏:23. \x* \m \v 41 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: \m ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى. \v 42 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. \b \b \m \c 11 \s1 لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى \m \v 1 لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى \v 2 (بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى).\f □ \fr 11:2 \ft \+bd «بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى»\+bd* ــ بۇ ئىش دەسلەپتە «مات.» 6:26-13 ۋە «مار.» 3:14-9دە ۋە كېيىن «يۇھ.» 3:12-8دە خاتىرىلىنىدۇ. يۇھاننا ئوقۇرمەنلەر بۇ ئىشتىن ئىنجىلدىكى باشقا «بايانلار» ئارقىلىق ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان، دەپ پەرەز قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 11:2 \xt مات. 26‏:6؛ مار. 14‏:3؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 12‏:3. \x* \m \v 3 لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن \add دوستۇڭ\add* كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى. \m \v 4 لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: \m ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى.\x + \xo 11:4 \xt يـۇھ. 9‏:3؛ 11‏:40. \x* \m \v 5 ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى. \v 6 شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «شۇڭا» بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىزدە قىلچە شۈبھە يوقكى، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىمۇ ئىنتايىن سۆيگەچكە، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىي شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈپ چۈشىنىشى، شۇنداقلا ئېتىقادىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن بەزىدە بېشىمىزدىن بۇ ئىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئازابلىق ئىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 7 ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: \m ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى. \m \v 8 مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇستاز، يېقىندىلا \add ئۇ يەردىكى\add* يەھۇدىيلار سېنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «ئۇستاز»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «راببى».\f*  \x + \xo 11:8 \xt يـۇھ. 8‏:59؛ 10‏:31. \x* \m \v 9 ئەيسا مۇنداق دېدى: \m ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. \v 10 لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر. \m \v 11 بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ: \m ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى.\x + \xo 11:11 \xt مات. 9‏:24؛ مار. 5‏:39؛ لۇقا 8‏:52. \x* \m \v 12 شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: \m ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى. \m \v 13 ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. \v 14 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ: \m ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى. \v 15 ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، \add ئۇنىڭ قېشىدا\add* بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى. \m \v 16 «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا: \m ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى.\f □ \fr 11:16 \ft \+bd ««قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس»\+bd* ــ گرېك تىلىدا ««دىدىموس» دەپ ئاتىلىدىغان توماس».\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ لازارۇسنى تىرىلدۈرۈشى \m \v 17 ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى. \v 18 بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى، \f □ \fr 11:18 \ft \+bd «ئالتە چاقىرىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئون بەش ستادىيون». بىر «ستادىيون» 185 مېتر ئىدى.\f* \v 19 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. \v 20 مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى. \m \v 21 مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى. \v 22 ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. \m \v 23 ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا. \m \v 24 مارتا: \m ــ ئاخىرقى كۈنىدە، يەنە تىرىلىش كۈنىدە ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 11:24 \xt دان. 12‏:2؛ لۇقا 14‏:14؛ يـۇھ. 5‏:29. \x* \m \v 25 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ \x + \xo 11:25 \xt يـۇھ. 1‏:4؛ 3‏:16، 36؛ 5‏:24؛ 6‏:47؛ 14‏:6؛ 1يۇھ. 5‏:10. \x* \v 26 ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟\x + \xo 11:26 \xt يـۇھ. 6‏:51. \x* \m \v 27 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن.\x + \xo 11:27 \xt مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:29؛ لۇقا 9‏:20؛ يـۇھ. 6‏:69. \x* \m \v 28 بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: \m ــ ئۇستاز كەلدى، سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 29 مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى \v 30 (شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى). \v 31 ئەمدى \add مەريەمگە\add* تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. \m \v 32 مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ: \m ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! ــ دېدى. \m \v 33 ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: \f □ \fr 11:33 \ft \+bd «\+bd*\+bdit ئەيسا\+bdit* ... روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى» ــ ئەيسا نېمىگە شۇنداق ئىنكاس قايتۇردى؟ بىزنىڭچە، بۇ ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە ۋە ھالاكەتكە، جۈملىدىن شەيتاننىڭ ئىلكىگە ئېلىپ بارغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغان پاراكەندىچىلىك ۋە پىغان-قايغۇغا قاراپ، بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقى ۋە بەلكىم غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 34 ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 35 ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. \f □ \fr 11:35 \ft \+bd «ئەيسا كۆز يېشى قىلدى»\+bd* ــ ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختالمىساق بولمايدۇ.\f*  \x + \xo 11:35 \xt لۇقا 19‏:41. \x* \v 36 يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى. \v 37 ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى: \m ــ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان بۇ كىشى كېسەل ئادەمنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالماسمىدى؟ ــ دېيىشتى. \m \v 38 ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. \v 39 ئەيسا: \m ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى. \m ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: \m ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى. \m \v 40 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى. \m \v 41 بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: \m ــ ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. \v 42 تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن!\x + \xo 11:42 \xt يـۇھ. 12‏:30. \x* \m \v 43 بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: \m ــ لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! ــ دەپ توۋلىدى. \m \v 44 ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! ــ دېدى.\x + \xo 11:44 \xt يـۇھ. 20‏:7. \x* \b \m \s1 ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى \r مات. 26‏:1-5؛ مار. 14‏:1-2؛ لۇقا 22‏:1-2 \m \v 45 مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. \v 46 لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. \v 47 شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ: \m ــ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. \x + \xo 11:47 \xt زەب. 2‏:2؛ مات. 26‏:3؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:2؛ روس. 4‏:27. \x* \v 48 ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 11:48 \ft \+bd «رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ!»\+bd* ــ «بۇ بىزنىڭ جايىمىز» بىزنىڭچە ئىبادەتخانىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئېنىقكى، بۇ ئادەملەرنىڭ ئىبادەتخانىنى «خۇدانىڭ» دېمەيدۇ، بەلكى «بىزنىڭ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىدىن روشەنكى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئۆز خەلقىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. \fp «بۇ بىزنىڭ جايىمىز» باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىزنىڭ بۇ ئورنىمىز» (دېمەك، مەنسىپىمىز).\f* \m \v 49 ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا: \m ــ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! \v 50 پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى \x + \xo 11:50 \xt يـۇھ. 18‏:14. \x* \v 51‏-52 (بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ \add يەھۇدىي\add* خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى).\f □ \fr 11:51‏-52 \ft \+bd «بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن... ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى»\+bd* ــ دېمەك، گەرچە ئۇ ئۆزى خۇداسىز ئادەم بولسىمۇ، تەۋرات بېكىتكەن ئورۇندا تۇرغاچ، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ئارقىلىق (ئۆزىنىڭ دەۋاتقىنىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ھالدا) بېشارەت بەردى.\f*  \x + \xo 11:51‏-52 \xt ئ‍ەف. 2‏:14، 15، 16. \x* \m \v 53 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى. \v 54 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى. \m \v 55 ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. \f □ \fr 11:55 \ft \+bd «نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «تاھارەت» توغرۇلۇق: مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى ئۆلۈك بىر نەرسىگە، قانغا ياكى مەلۇم كېسەل يارىسىغا تېگىپ كەتكەن بولسا، «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى ۋە شۇنداقلا پاك ھېسابلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشى كېرەك ۋە يەنە بەزى ئەھۋاللاردىمۇ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىسىيلەر ۋە «تەۋرات ئۇستازلىرى» ئۆزلۈكىدىن بۇ ئىشلارغا نۇرغۇن باشقا مۇرەككەپ قائىدىلەرنى قوشۇۋالغانىدى. مەسىلەن، «مار.» 3:7-4نى كۆرۈڭ. شۇڭا «تاھارەت»نى ئۆتكۈزۈشكە بەزىدە خېلى ۋاقىت كېرەك بولغان. \+bd «يېرۇسالېمغا كېلىشتى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يېرۇسالېمغا چىقىشتى».\f* \v 56 شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: \m ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.\x + \xo 11:56 \xt يـۇھ. 7‏:11. \x* \m \v 57 باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر بولسا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسە، مەلۇم قىلىشى توغرۇلۇق پەرمان چىقارغانىدى. \b \b \m \c 12 \s1 مەريەمنىڭ ئەيسانى ئەتىرلىشى \r مات. 26‏:6-13؛ مار. 14‏:3-9 \m \v 1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى.\x + \xo 12:1 \xt مات. 26‏:6؛ مار. 14‏:3؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 11‏:2\x* \v 2 شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. \v 3 مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى.\f □ \fr 12:3 \ft \+bd «ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق»\+bd* ــ «بىر قاداق» (گرېك تىلىدا «بىر لىترا») ــ رىملىقلارنىڭ قادىقى، تەخمىنەن 325 گرام. \+bd «ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى»\+bd* ــ ياكى «ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى پۇتلىرىغا سۈردى».\f* \v 4 لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت: \m \v 5 ــ نېمىشقا بۇ \add قىممەت باھالىق\add* ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى\f □ \fr 12:5 \ft \+bd «ئۈچ يۈز دىنار»\+bd* ــ شۇ چاغدا ئاددىي بىر ئىشچىنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ بولاتتى.\f*  \x + \xo 12:5 \xt مار. 14‏:5. \x* \v 6 (ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ \add مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق\add* ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى).\x + \xo 12:6 \xt يـۇھ. 13‏:29. \x* \m \v 7 ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ شۇنداق قىلىپ مېنىڭ دەپنە كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ».\f*  \x + \xo 12:7 \xt مار. 14‏:8. \x* \v 8 چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى.\x + \xo 12:8 \xt قان. 15‏:11؛ مات. 26‏:11؛ مار. 14‏:7. \x* \b \m \s1 باش كاھىنلارنىڭ لازارۇسنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى \m \v 9 زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. \x + \xo 12:9 \xt يـۇھ. 11‏:44. \x* \v 10 لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛ \v 11 چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى. \b \m \s1 يېرۇسالېمغا تەنتەنىلىك بىلەن كىرىش \r مات. 21‏:1-11؛ مار. 11‏:1-11؛ لۇقا 19‏:28-40 \m \v 12 ئەتىسى، «\add ئۆتۈپ كېتىش\add* ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، \x + \xo 12:12 \xt مات. 21‏:8؛ مار. 11‏:8؛ لۇقا 19‏:36\x* \v 13 قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە مەنىسى «خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە»مۇ بولۇپ قالغانىدى. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:13 \xt زەب. 118‏:25، 26. \x* \v 14 ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ \b \m \v 15 «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!».\f □ \fr 12:15 \ft \+bd «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!»\+bd* ــ «زەك.» 9:9. «زىئون قىزى» يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى، شۇنداقلا بارلىق يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:15 \xt يەش. 62‏:11؛ زەك. 9‏:9؛ مات. 21‏:5. \x* \b \m \v 16 ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.\f □ \fr 12:16 \ft \+bd «ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن...»\+bd* ــ ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 17 ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى. \v 18 ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى. \v 19 پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: \m ــ قاراڭلار، \add بارلىق\add* قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى.\x + \xo 12:19 \xt يـۇھ. 11‏:47. \x* \b \m \s1 گرېكلارنىڭ ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى ــ ئۇنىڭ ئۆز ئۆلۈمى توغرۇلۇق سۆزلىشى \m \v 20 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى. \x + \xo 12:20 \xt روس. 8‏:27. \x* \v 21 بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: \m ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى.\x + \xo 12:21 \xt يـۇھ. 1‏:45. \x* \m \v 22 فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. \m \v 23 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. \f □ \fr 12:23 \ft \+bd «لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى...»\+bd* ــ گرېكلەرنىڭ (22-ئايەتتىكى) تەلىپىگە بۇ سىرلىق سۆزلەر قانداق جاۋاب بولىدۇ؟ بۇنىڭ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 12:23 \xt يـۇھ. 13‏:32؛ 17‏:1. \x* \v 24 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. \f □ \fr 12:24 \ft \+bd «بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشى» دېگىنى بىرخىل ئوخشىتىشتۇر. ئۇرۇق يەرگە چۈشۈپ «ئۆلمىسە» بىر تال پېتى قېلىۋېرىدۇ. تۇپراققا چۈشكەندە «ئۆلسە»، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئۇرۇق مېۋىلەيدۇ.\f*  \x + \xo 12:24 \xt 1كور. 15‏:36. \x* \v 25 كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. \f □ \fr 12:25 \ft \+bd «كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا..»\+bd* ــ «ئايىسا» گرېك تىلىدا «سۆيىسە» ياكى «ئامراق بولسا».\f*  \x + \xo 12:25 \xt مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33. \x* \v 26 كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.\x + \xo 12:26 \xt يـۇھ. 14‏:3؛ 17‏:24. \x* \m \v 27 ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم. \f □ \fr 12:27 \ft \+bd «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟»\+bd*  ــ بۇ «سائەت» ئۇنىڭ كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:27 \xt مات. 26‏:37،38،39؛ مار. 14‏:34؛ لۇقا 22‏:44. \x* \v 28 ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». \m شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: \m ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى. \m \v 29 بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق: \m ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. \m يەنە بەزىلەر بولسا: \m ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى. \m \v 30 ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى. \x + \xo 12:30 \xt يـۇھ. 11‏:42. \x* \v 31 ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى. \f □ \fr 12:31 \ft \+bd «ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى»\+bd* ــ «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» ــ شەيتاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 12:31 \xt يـۇھ. 14‏:30؛ 16‏:11؛ كول. 2‏:15. \x* \v 32 ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى \x + \xo 12:32 \xt چۆل. 21‏:9؛ 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:14؛ 8‏:28. \x* \v 33 (ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى). \m \v 34 خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: \m ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 12:34 \ft \+bd «سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟!»\+bd* ــ خالايىقنىڭ «ئىنسانئوغلى» (مەسىھ) توغرۇلۇق كۆزدە تۇتقىنى مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدىغان «يار.» 10:49، «زەب.» 35:89-37، 2:110، «يەش.» 7:9، «ئەز.» 25:37، «دان.» 14:7 ئىدى.\f*  \x + \xo 12:34 \xt 2سام. 7‏:16؛ 1تار. 22‏:10؛ زەب. 45‏:6-7؛ 89‏:36؛ 110‏:4؛ يەش. 9‏:5؛ يەر. 23‏:6؛ ئ‍ەز. 37‏:26؛ دان. 2‏:44؛ 7‏:14، 27؛ مىك. 4‏:7؛ ئىبر. 1‏:8. \x* \m \v 35 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا \add ئۇنىڭدا\add* مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. \x + \xo 12:35 \xt يەر. 13‏:16؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ ئ‍ەف. 5‏:8؛ 1تېس. 5‏:4\x* \v 36 نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. \m ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. \b \m \s1 يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەسىھنى رەت قىلىشى \m \v 37 گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. \v 38 شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: \m «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ \m ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟»\f □ \fr 12:38 \ft \+bd «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟» ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟»\+bd* ــ «يەش.» 1:53. «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ــ بىر زات، يەنى دەل خۇدانىڭ مەسىھى بولسا كېرەك («يەش.» 2:53، 3-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 12:38 \xt يەش. 53‏:1؛ رىم. 10‏:16. \x* \b \m \v 39‏-40 خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): \b \m «\add پەرۋەردىگار\add* ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، \m قەلبىنى تاش قىلدى؛ \m مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، \m قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، \m \add گۇناھلىرىدىن\add* يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ \m بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ \add دەيدۇ پەرۋەردىگار\add*».\f □ \fr 12:39‏-40 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگار» گرېك تىلىدا «ئۇ». \+bd «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، گۇناھلىرىدىن يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»\+bd* ــ «يەش.» 10:6.\f*  \x + \xo 12:39‏-40 \xt يەش. 6‏:9، 10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8 \x* \b \m \v 41 بۇ سۆزلەرنى يەشايا \add پەيغەمبەر\add* \add مەسىھنىڭ\add* شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى.\f □ \fr 12:41 \ft \+bd «بۇ سۆزلەرنى يەشايا پەيغەمبەر مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭشان-شەرىپىنى كۆرۈپ...» دېيىلىدۇ. كىمنىڭ شان-شەرىپى؟ ئېنىقكى، «ئۇنىڭ» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 37-، 39- ۋە 42-ئايەتنى كۆرۈڭ (كىمگە ئېتىقاد قىلىش كېرەك؟). تولۇق ئىش «يەش.» 1:6-13دە خاتىرىلىنىدۇ. يەشايا بۇ بېشارەتنى بەرگەن چاغدا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرگەچكە، خۇلاسىمىز شۇكى، «مەسىھ ئۆزى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە ئىپادىسى»دىن ئىبارەتتۇر.\f*  \x + \xo 12:41 \xt يەش. 6‏:1. \x* \m \v 42 ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. \f □ \fr 12:42 \ft \+bd «نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سىناگوگ» يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇمىي جەمئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. «سىناگوگتىن چىقىرىلىش» ــ كىمكى سىناگودتىن چىقىرىۋېتىلسە، يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدىكىلەر ئۇلار بىلەن ھېچ باردى-كەلدى قىلمايتتى.\f*  \x + \xo 12:42 \xt يـۇھ. 7‏:13؛ 9‏:22. \x* \v 43 بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى.\x + \xo 12:43 \xt يـۇھ. 5‏:44. \x* \m \v 44 بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: \m ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر. \v 45 كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ. \x + \xo 12:45 \xt يـۇھ. 10‏:30؛ 14‏:9. \x* \v 46 مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. \x + \xo 12:46 \xt يەش. 42‏:6؛ 49‏:6؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ روس. 13‏:47. \x* \v 47 بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. \x + \xo 12:47 \xt يـۇھ. 3‏:17؛ 9‏:39. \x* \v 48 بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. \x + \xo 12:48 \xt مار. 16‏:16؛ يـۇھ. 3‏:18؛ 8‏:24. \x* \v 49 چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن. \f □ \fr 12:49 \ft \+bd «مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكى»\+bd* ــ ياكى بولمىسا «مېنىڭ نېمە تەلىم-ئەمر بېرىشىم ۋە نېمىنى سۆزلىشىم كېرەكلىكى».\f*  \x + \xo 12:49 \xt قان. 18‏:18؛ يـۇھ. 3‏:11؛ 5‏:20؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 14‏:10، 24؛ 16‏:13. \x* \v 50 ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. \b \b \m \c 13 \s1 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشى \m \v 1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.\f □ \fr 13:1 \ft \+bd «ئەيسا... بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى»\+bd* ــ بۇ مۇھەببەت بەلكىم تۆۋەندىكى 1-20-ئايەتلەردە مۇخلىسلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشى، شۇنداقلا 13-18-بابلاردا خاتىرىلەنگەندەك ئۇلارغا كۆرسەتكەن سەۋر-تاقەت، كەچۈرۈم، مېھرىبانلىقىنى، ئاندىن ئاخىرىدا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 13:1 \xt مات. 26‏:2؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:1. \x* \v 2 ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.\x + \xo 13:2 \xt لۇقا 22‏:3؛ يـۇھ. 13‏:2. \x* \v 3 ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە،\x + \xo 13:3 \xt مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ يـۇھ. 3‏:35. \x* \v 4 داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. \v 5 ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. \v 6 نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى.\x + \xo 13:6 \xt مات. 3‏:14. \x* \m \v 7 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى. \m \v 8 پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. \m ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 9 سىمون پېترۇس: \m ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى. \m \v 10 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى \f □ \fr 13:10 \ft \+bd «...بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ بىزنىڭچە قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ «پۇت يۇيۇش» دېگەن بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ كرېستلىنىشنى قوبۇل قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ. شۇڭا، مۇخلىسلار بۇنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 13:10 \xt يـۇھ. 15‏:3. \x* \v 11 (چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى). \x + \xo 13:11 \xt يـۇھ. 6‏:64. \x* \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟ \v 13 سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن. \x + \xo 13:13 \xt مات. 23‏:8،10؛ 1كور. 8‏:6؛ 12‏:3؛ فىل. 2‏:11. \x* \v 14 ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. \f □ \fr 13:14 \ft \+bd «ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر مۇخلىسلارنىڭ مەسىھنى «ئۇستاز» ئاندىن «رەب» دەيدىغانلىقىنى (13-ئايەت)، لېكىن مەسىھ بولسا ئۆزىنى «رەب» ۋە «ئۇستاز» دەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ (13-14-ئايەت) ۋە شۇنداقلا تەرتىپنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىيالايدۇ.\f*  \x + \xo 13:14 \xt گال. 6‏:1، 2. \x* \v 15 مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. \x + \xo 13:15 \xt 1پېت. 2‏:21؛ 1يۇھ. 2‏:6. \x* \v 16 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. \x + \xo 13:16 \xt مات. 10‏:24؛ لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 15‏:20. \x* \v 17 بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر! \b \m \s1 ئەيسانىڭ ساتقۇنلۇق بىلەن تۇتۇلۇشىنى ئالدىن ئېيتىشى \r مات. 26‏:20-25؛ مار. 14‏:17-21؛ لۇقا 22‏:21-23 \m \v 18 مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ. \f □ \fr 13:18 \ft \+bd «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!»\+bd* ــ «زەب.» 9:41نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:18 \xt زەب. 41‏:9؛ مات. 26‏:23؛ 1يۇھ. 2‏:19\x* \v 19 مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. \f □ \fr 13:19 \ft \+bd «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «ئۇ» (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر».\f*  \x + \xo 13:19 \xt يـۇھ. 14‏:29؛ 16‏:4. \x* \v 20 بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.\x + \xo 13:20 \xt مات. 10‏:40؛ لۇقا 10‏:16. \x* \m \v 21 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: \m ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!\x + \xo 13:21 \xt مات. 26‏:21؛ مار. 14‏:18؛ لۇقا 22‏:21؛ روس. 1‏:17؛ 1يۇھ. 2‏:19. \x* \m \v 22 مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. \v 23 ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى. \f □ \fr 13:23 \ft \+bd «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس»\+bd* ــ بەلكىم بۇ «بايان»نىڭ مۇئەللىپى روسۇل يۇھاننا. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:23 \xt يـۇھ. 20‏:2؛ 21‏:7،20. \x* \v 24 سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن \add ئەيسانىڭ\add* كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى. \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن: \m ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 26 ئەيسا جاۋاب بېرىپ: \m ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى \add ئاشقا\add* تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. \f □ \fr 13:26 \ft \+bd «بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر»\+bd* ــ داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىرسىگە بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرگەن ھالدا سۇنۇش چوڭقۇر مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئىدى.\f* \v 27 يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. \m ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. \m \v 28 (ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ \add يەھۇداغا\add* بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى. \v 29 يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى).\x + \xo 13:29 \xt يـۇھ. 12‏:6. \x* \m \v 30 يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى).\f □ \fr 13:30 \ft \+bd «بۇ چاغ كېچە ئىدى»\+bd* ــ بۇ دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسىدىن باشقا، كۆچمە مەنىسى باردۇر. يۇقىرىدىكى 5:9، 9:11-10، 35:12-36دە ئەيسانىڭ «كۈندۈز» ۋە «قاراڭغۇلۇق» ياكى «كېچە» توغرۇلۇق سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 يېڭى ئەمر \m \v 31 يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: \m ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. \v 32 ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. \f □ \fr 13:32 \ft \+bd «ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭ قارىشىمىزچە «ئۆزىدە» مۇشۇ يەردە «خۇدا ئۆزىدە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار مۇشۇ يەردە «ئۆزىدە» «مەسىھنىڭ ئۆزىدە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. \+bd «خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ»\+bd* ــ ياكى (يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك) «خۇدا ئۇنى (ئىنسانئوغلىنىڭ) ئۆزىدە ئۇلۇغلايدۇ». \fp بۇ مۇھىم 31-32-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 13:32 \xt يـۇھ. 12‏:23؛ 17‏:1. \x* \v 33 بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن.\x + \xo 13:33 \xt يـۇھ. 7‏:34؛ 8‏:21. \x* \m \v 34 سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. \x + \xo 13:34 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. \x* \v 35 ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.\x + \xo 13:35 \xt 1يۇھ. 2‏:5؛ 4‏:20. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى \r مات. 26‏:31-35؛ مار. 14‏:27-31؛ لۇقا 22‏:31-34 \m \v 36 سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن: \m ــ ئى رەب، قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئەيسا جاۋابەن: ــ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 13:36 \ft \+bd «مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن»\+bd* ــ «كېيىن ئەگىشىپ بارىسەن» ــ پېترۇس جىسمانىي تەرەپتىن (ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش يولىدا) پېترۇس رەبگە ئەگىشەلمىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى روھىي جەھەتتىكى «خۇدانىڭ يولىدا پىدا بولۇش» ئىدى. شۇ تەرەپتىمۇ پېترۇس ئەيساغا ئەگىشىشكە تەييار بولمىدى. ئۇ ئاۋۋال ئەيسادىن تېنىپ، ئاندىن قاتتىق توۋا قىلىش جەريانى ئارقىلىق، شۇنداقلا مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇ «كېيىن» تەييار بولىدۇ. مەسىھنىڭ «كېيىن ماڭا ئەگىشىسەن» دېگىنى بولسا، پېترۇس قاتتىق تېيىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەسەللى يەتكۈزىدىغان قىممەتلىك ۋەدە بولىدۇ.\f*  \x + \xo 13:36 \xt يـۇھ. 21‏:18؛ 2پېت. 1‏:14\x* \m \v 37 پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! ــ دېدى.\x + \xo 13:37 \xt مات. 26‏:33؛ مار. 14‏:29؛ لۇقا 22‏:33. \x* \m \v 38 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭنى پىدا قىلامسەن؟ بەرھەق، بەرھەق، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!\f □ \fr 13:38 \ft \+bd «خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانمىغۇچە، خوراز چىللىمايدۇ».\f*  \x + \xo 13:38 \xt مات. 26‏:34؛ مار. 14‏:30؛ لۇقا 22‏:34. \x* \b \b \m \c 14 \s1 ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىدۇ ــ «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىقتۇرمەن» \m \v 1 كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. \v 2 ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن.\f □ \fr 14:2 \ft \+bd «ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر جەننەتنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئەيسا 2-بابتا ئۆز تېنىنى «خۇدانىڭ ئۆيى» (ئىبادەتخانا) دەپ سۈرەتلىدى، شۇنداقلا 35:8دە «خۇدانىڭ ئۆيى»نى روھىي جەھەتتىن تىلغا ئالدى. بۇنىڭغا قارىغاندا «تۇرالغۇ-ماكان»نى روھىي جەھەتتىن چۈشىنىش كېرەك. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرىسىدا توختىلىمىز.\f* \v 3 مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.\f □ \fr 14:3 \ft \+bd «مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر»\+bd* ــ مەسىھنىڭ بۇ «قايتىپ كېلىش»ى مەسىھنىڭ قىيامەتتە دۇنياغا كېلىشى ياكى مۇقەددەس روھنىڭ ئەۋەتىلىشىنى كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ئۈچىنچى ئايەت ئۈستىدىمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 14:3 \xt يـۇھ. 12‏:26؛ 17‏:24. \x* \v 4 سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر. \m \v 5 توماس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، يولنى قانداق بىلىمىز؟ ــ دېدى. \m \v 6 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.\f □ \fr 14:6 \ft \+bd «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ»\+bd* ــ مەسىھ ئۈچۈن ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان يول كرېستتىكى ئۆلۈم ئارقىلىق بولاتتى؛ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن، مەسىھنىڭ ئۆزى ئاتىنىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولدۇر.\f*  \x + \xo 14:6 \xt يـۇھ. 1‏:4، 17؛ 10‏:9؛ 11‏:25؛ ئىبر. 9‏:8. \x* \v 7 ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، ــ دېدى. \m \v 8 ــ ئى رەب، ئاتىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭلا، شۇ كۇپايە، ــ دېدى فىلىپ. \m \v 9 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟ \x + \xo 14:9 \xt يـۇھ. 10‏:30. \x* \v 10 مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ. \x + \xo 14:10 \xt يـۇھ. 5‏:17؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 10‏:38؛ 12‏:49؛ 16‏:13؛ 17‏:21. \x* \v 11 مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.\f □ \fr 14:11 \ft \+bd «... ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار»\+bd* ــ 11- ۋە 12-ئايەتلەردە «ئەمەللەر» ئەيسا ياراتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر.\f* \m \v 12 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا \add قايتىپ\add* كېتىمەن. \f □ \fr 14:12 \ft \+bd «ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن»\+bd* ــ بۇ «تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەر» ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 14:12 \xt مات. 21‏:21؛ لۇقا 17‏:6؛ روس. 5‏:12؛ 19‏:11. \x* \v 13 ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. \x + \xo 14:13 \xt يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22. \x* \v 14 مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن». \b \m \s1 ئەيسانىڭ مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىشى؛ ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى \m \v 15 ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. \x + \xo 14:15 \xt يـۇھ. 14‏:21، 23؛ 15‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:3. \x* \v 16 مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ. \f □ \fr 14:16 \ft \+bd «مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ»\+bd* ــ مۇھىم سۆز «\+bd باشقا بىر\+bd* ياردەمچى»دۇر. بىرىنچى «ياردەمچى» بولسا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. «ياردەمچى» گرېك تىلىدىكى «پاراكلېتوس» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. گرېك تىلىدىكى «پاراكلېتوس»نىڭ تولۇق مەنىسى «مەلۇم بىراۋنىڭ يېنىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىلغۇچى»، يەنى «تەسەللى بەرگۈچى»، «ھەمراھ»، «مەسلىھەتچى»، «كۈچەيتكۈچى»، «ئادۋوكات-ئاقلىغۇچى» قاتارلىقلاردۇر. «باشقا بىر...» دېگىنى بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەيسا مۇخلىسلار بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىدا، ئۇلارغا قانداق جەھەتلەردىن «ياردەمچى» بولغان بولسا، ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلغاندا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئەيسانىڭ تولۇق ۋەكىلى بولۇپ، ئىككىنچى «ياردەمچى» رولىدا بولىدۇ، دېگەن قىممەتلىك ۋەدىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 17 ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.\f □ \fr 14:17 \ft \+bd «ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر»\+bd* ــ «ھەقىقەتنىڭ روھى» ــ ياكى «ھەقىقەتكە باشلىغۇچى روھ». \+bd «سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ»\+bd* ــ ئۇلار قايسى يول بىلەن مۇقەددەس روھنى تونۇيدۇ؟ ئۇ شۇ چاغدا قانداق يول بىلەن «ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىدۇ»؟ جاۋاب شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئەيسانى تونۇغاچقا، مۇقەددەس روھنىمۇ تونۇغان بولىدۇ؛ ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مۇقەددەس روھمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى. لېكىن ئەيسا ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ «ئىچىدە، قەلبىدە، روھىدا» ماكان قىلىدۇ.\f* \m \v 18 مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. \x + \xo 14:18 \xt مات. 28‏:20. \x* \v 19 ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيا مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرۈسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. \v 20 شۇ كۈندە مېنىڭ ئاتامدا بولغانلىقىم، سىلەرنىڭ مەندە بولغانلىقىڭلار ۋە مەنمۇ ھەم سىلەردە بولغانلىقىمنى بىلىسىلەر. \v 21 كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن». \v 22 يەھۇدا (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ئۇنىڭدىن: \m ــ ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 14:22 \ft \+bd «ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇخلىسلار ئۇنى دەرھال ئۆزىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئايان قىلىدۇ، دەپ ئويلاتتى.\f* \m \v 23 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە \add ئاتام\add* بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز. \f □ \fr 14:23 \ft \+bd «ئاتام بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز»\+bd* ــ «ئاتام بىلەن ئىككىمىز» گرېك تىلىدا «بىز».\f* \v 24 مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر. \x + \xo 14:24 \xt يـۇھ. 7‏:16؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:10؛ 16‏:13. \x* \v 25 مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. \v 26 لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.\x + \xo 14:26 \xt لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 15‏:26؛ 16‏:7، 13؛ روس. 2‏:4. \x* \m \v 27 سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار.\f □ \fr 14:27 \ft \+bd «مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر»\+bd* ــ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر بىر نەرسە بەرگىنىدە دائىم دېگۈدەك خالاپ بەرمەيدۇ ــ ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق ۋە نۇرغۇن شەرتلەر بىلەن بېرىدۇ. لېكىن خۇدا بىزگە بىر نەرسە بەرسە ئۇنى قايتۇرغۇزمايدۇ.\f*  \x + \xo 14:27 \xt فىل. 4‏:7. \x* \m \v 28 سىلەر مېنىڭ: «مەن \add سىلەردىن\add* ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېگىنىمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيگەن بولساڭلار، ئاتىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتا مەندىن ئۇلۇغدۇر. \x + \xo 14:28 \xt يـۇھ. 14‏:3. \x* \v 29 سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ \add ئىشلار\add* يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم. \f □ \fr 14:29 \ft \+bd «سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم»\+bd* ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئەيسانىڭ تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى («سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىشىم») ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا دەھشەتلىك زەرب بولىدۇ.\f*  \x + \xo 14:29 \xt يـۇھ. 13‏:19؛ 16‏:4. \x* \v 30 مۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپ سۆزلەشمەيمەن؛ چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ. \f □ \fr 14:30 \ft \+bd «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ»\+bd* ــ «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» شەيتان، ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 14:30 \xt يـۇھ. 12‏:31؛ 16‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:2. \x* \v 31 لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ مېنىڭ ئاتىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى».\f □ \fr 14:31 \ft \+bd «ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن»\+bd* ــ 30-ئايەت بىلەن زىچ باغلىنىدۇ. دېمەك، ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇشى، سوتلىنىشى، ھاقارەتلىنىشى ئاندىن كرېستلىنىشىنى ئىختىيارى بىلەن قوبۇل قىلىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى بولسا، ئىبلىسنىڭ ئۈستىدىن قانداقتۇر بىر ھوقۇققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتىنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن بولىدۇ.\f*  \x + \xo 14:31 \xt يـۇھ. 10‏:18؛ ئىبر. 10‏:5. \x* \b \b \m \c 15 \s1 ئەيسا ــ ھەقىقىي ئۈزۈم تېلىدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى \m \v 1 ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر.\f □ \fr 15:1 \ft \+bd ««ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن»\+bd* ــ «\+bd ھەقىقىي\+bd* ئۈزۈم تېلى» بولغاندىن كېيىن، ساختا ياكى پور-پۈچەك ئۈزۈم تېلىمۇ بارمۇ؟ بۇنىڭ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 2 باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ.\f □ \fr 15:2 \ft \+bd «باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى باغۋەن (باراڭغا) ئېسپ قويىدۇ». لېكىن 6-ئايەتكە قارىغاندا تەرجىمىمىز توغرا بولسا كېرەك. \+bd «مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ «پۇتاپ تۇرىدۇ» گرېك تىلىدا «تازىلايدۇ» ياكى «پاكلايدۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 4-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:2 \xt مات. 15‏:13. \x* \v 3 ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار.\f □ \fr 15:3 \ft \+bd «... سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار»\+bd* ــ «پاك» مۇشۇ يەردە يەنە «پۇتالغان» دېگەن مەنىسىنىمۇ بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بىراق مۇھىم مەنىسى «پاك» ئىكەنلىكىگە شۈبھىسى يوقتۇر (31:10نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 15:3 \xt يـۇھ. 13‏:10. \x* \v 4 سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر. \m \v 5 «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر. \v 6 بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ \add كېرەكسىز\add* شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.\x + \xo 15:6 \xt ئ‍ەز. 15‏:2-8؛ مات. 3‏:10؛ 7‏:19؛ كول. 1‏:23. \x* \v 7 سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.\x + \xo 15:7 \xt يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. \x* \v 8 سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 15:8 \ft \+bd «سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ 7-8-ئايەتكە قارىغاندا، مۇخلىسلار خۇداغا چىقارغان، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان مېۋە ئۈنۈملۈك دۇئا-تىلاۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 9 ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. \v 10 ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.\x + \xo 15:10 \xt يـۇھ. 14‏:15، 21، 23؛ 1يۇھ. 5‏:3. \x* \m \v 11 مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. \v 12 مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. \x + \xo 15:12 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 13‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. \x* \v 13 ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر. \x + \xo 15:13 \xt رىم. 5‏:7؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1يۇھ. 3‏:16. \x* \v 14 سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. \f □ \fr 15:14 \ft \+bd «سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر»\+bd* ــ 13-14-ئايەتتە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنىدۇ. «مەسىھنىڭ دوستلىرى» ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر. لېكىن مەسىھ بارلىق كىشىلەر، جۈملىدىن ئۆز ئەمرلىرىنى ئادا قىلمىغۇچىلار، يەنى \+bd دۈشمەنلىرى ئۈچۈن\+bd* جېنىنى پىدا قىلغاندۇر.\f*  \x + \xo 15:14 \xt مات. 12‏:50؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11. \x* \v 15 ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. \f □ \fr 15:15 \ft \+bd «ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن»\+bd* ــ «قۇل» ياكى «چاكار».\f*  \x + \xo 15:15 \xt يـۇھ. 8‏:26. \x* \v 16 سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم. \f □ \fr 15:16 \ft \+bd «سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن...»\+bd* ــ «...\+bd بېرىپ\+bd* مېۋە بەرسۇن» دېگەن ئىبارە بەلكىم، مۇخلىسلار خۇداغا چىقارغان، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان مېۋە بولسا، پۈتۈن دۇنياغا \+bd بېرىپ\+bd* خۇش خەۋەر ئارقىلىق باشقىلارنى خۇدانىڭ يولىغا كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 15:16 \xt مات. 28‏:19؛ مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 13‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ كول. 1‏:6. \x* \v 17 سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.\f □ \fr 15:17 \ft \+bd «سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سىلەرگە شۇلارنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار».\f* \b \m \s1 دۇنيادىكىلەرنىڭ ئەيساغا بولغان نەپرىتى \m \v 18 بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. \x + \xo 15:18 \xt 1يۇھ. 3‏:13. \x* \v 19 سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. \f □ \fr 15:19 \ft \+bd «سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىن بولغان بولسا، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆزىنىڭكى دەپ سۆيگەن بولاتتى».\f*  \x + \xo 15:19 \xt يـۇھ. 17‏:14؛ گال. 1‏:10. \x* \v 20 مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ.\x + \xo 15:20 \xt مات. 10‏:24؛ 24‏:9؛ لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 16‏:2. \x* \m \v 21 بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. \x + \xo 15:21 \xt مات. 10‏:22؛ يـۇھ. 16‏:3. \x* \v 22 ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر. \x + \xo 15:22 \xt رىم. 4‏:15؛ 5‏:20. \x* \v 23 كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ. \v 24 مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر \add ئەمەللىرىمنى\add* كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى. \x + \xo 15:24 \xt يـۇھ. 10‏:37. \x* \v 25 لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى.\f □ \fr 15:25 \ft \+bd «ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنى»\+bd* ــ ھەجۋىي، كىنايىلىك سۆز. 17:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \+bd «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى»\+bd* ــ «زەب.» 7:35، 19 ۋە 4:69.\f*  \x + \xo 15:25 \xt زەب. 35‏:19؛ 69‏:4\x* \m \v 26 لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. \f □ \fr 15:26 \ft \+bd «...ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن مۇقەددەس روھنىڭ شەخس ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسىھ ئۇنى «ئاتىنىڭ يېنىدىن» ئەۋەتىدۇ؛ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ يەنە «ئاتىنىڭ يېنىدىن \+bd چىقىدۇ\+bd*» دېيىلىدۇ. گرېك تىلىدا «چىقىدۇ» دېگەن پېئىل «ھازىرقى زامان» شەكىلدە بولغاچقا، مۇقەددەس روھنىڭ ھەردائىم شۇ ھەرىكەتنى قىلىۋاتقىنى كۆرسىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 15:26 \xt لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 16‏:7؛ روس. 5‏:32. \x* \v 27 سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.\x + \xo 15:27 \xt روس. 1‏:8، 21؛ 5‏:32. \x* \b \b \m \c 16 \s1 كېلىدىغان زىيانكەشلىكلەر \m \v 1 سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. \v 2 ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.\f □ \fr 16:2 \ft \+bd «ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ»\+bd* ــ يۇقىرىقى باشقا ئىزاھاتلاردا ئېيتقىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى بىرسىنى «سىناگوگتىن چىقىرىۋەتسە»، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلماي، بەلكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشىمۇ مۇمكىن.\f*  \x + \xo 16:2 \xt يـۇھ. 9‏:22، 34؛ 12‏:42. \x* \v 3 ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.\x + \xo 16:3 \xt يـۇھ. 15‏:21؛ 1كور. 2‏:8. \x* \v 4 لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.\f □ \fr 16:4 \ft \+bd «... ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىي خەلقىدىن ۋە كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن بولغان زىيانكەشلىكلەر كەلگەندە.\f*  \x + \xo 16:4 \xt يـۇھ. 13‏:19؛ 14‏:29. \x* \b \m \s1 مۇقەددەس روھنىڭ يېتكەكچى ۋە ئۇستاز بولىدىغانلىقى \m \v 5 ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. \m لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. \v 6 ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. \v 7 ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن.\x + \xo 16:7 \xt لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26. \x* \v 8 ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ. \v 9 ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى.\f □ \fr 16:9 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۇلارنى ئۆز گۇناھى توغرۇلۇق بىلگۈزىدۇ» ياكى «ئۇ ئۇلارنى گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈزىدۇ». دېگەندەك ئۈچ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئومۇمىي مەنىسى ئاساسەن ئوخشاش.\f* \v 10 ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا \add بىلگۈزىدۇ\add*، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. \v 11 ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا \add بىلگۈزىدۇ\add*، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى.\f □ \fr 16:11 \ft \+bd «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى»\+bd* ــ شەيتان، ئىبلىس. \+bd «...ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى»\+bd* ــ 9-11-ئايەتتىكى «ئۇ (مۇقەددەس روھ)...گۇناھ توغرىسىدا... ھەققانىيلىق توغرىسىدا... ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا...بىلگۈزىدۇ....» دېگەنلەرنىڭ ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»دە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 16:11 \xt يـۇھ. 12‏:31؛ 14‏:30؛ ئ‍ەف. 2‏:2؛ كول. 2‏:15. \x* \m \v 12 سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر. \f □ \fr 16:12 \ft \+bd «سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر»\+bd* ــ مۇخلىسلار قانداق سۆزلەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 13 لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ. \f □ \fr 16:13 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ»\+bd* ــ «ئۇ (مۇقەددەس روھ)... نېمىنى ئاڭلىغان بولسا» ــ دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ كالامىدىن ئاڭلىغىنى. \+bd « \+bd*\+bdit مۇقەددەس روھ\+bdit*،... نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ» ــ بۇ مۇھىم ۋەدە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 16:13 \xt يـۇھ. 12‏:49؛ 14‏:26\x* \v 14 ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ. \v 15 ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم.\f □ \fr 16:15 \ft \+bd «\+bd*\+bdit مۇقەددەس روھ\+bdit* مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» ــ بۇ مۇھىم ۋەدە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 16:15 \xt يـۇھ. 17‏:10. \x* \b \m \s1 غەم-قايغۇلىرىڭلار مەڭگۈ خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ \m \v 16 ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن».\f □ \fr 16:16 \ft \+bd «يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە 17-ئايەت ئۇنىڭ ئەسلىدە بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.\f*  \x + \xo 16:16 \xt يـۇھ. 7‏:33. \x* \m \v 17 شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە: \m ــ بىزلەرگە: ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ \v 18 «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ. \m \v 19 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ \f □ \fr 16:19 \ft \+bd «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر»\+bd* ــ مەسىھنىڭ مۇشۇ دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى، بىزنىڭچە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى، دەپنە قىلىنىشى ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلىپ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنى ئايان قىلىشىدىن ئىبارەت.\f* \v 20 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ. \v 21 ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. \x + \xo 16:21 \xt يەش. 26‏:17. \x* \v 22 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. \v 23 شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. \x + \xo 16:23 \xt يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. \x* \v 24 ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ! \b \m \s1 بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش \m \v 25 سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن. \f □ \fr 16:25 \ft \+bd «سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن»\+bd* ــ تەمسىللەردىن بولغان بىرنەچچە مىساللار 10-بابتىن («قويلارنىڭ ئىشىكى» ۋە «ياخشى پادىچى» توغرۇلۇق) 13-بابتىن (ئۇلارغا «پۇت يۇيۇش» توغرۇلۇق تەمسىل ۋە ئۆلگە) 15-بابتىن («ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» توغرۇلۇق) ۋە 21-ئايەتتىن («تۇغۇتتا بولغان ئايال» توغرۇلۇق) تېپىلىدۇ.\f* \v 26 شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛ \v 27 چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار.\x + \xo 16:27 \xt يـۇھ. 17‏:8. \x* \m \v 28 مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن».\x + \xo 16:28 \xt يـۇھ. 13‏:3. \x* \m \v 29 مۇخلىسلىرى: \m ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ! \f □ \fr 16:29 \ft \+bd «مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ!»\+bd* ــ مۇخلىسلارنىڭ ھەقىقىي چۈشەنگەن-چۈشەنمىگىنى 31-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ.\f* \v 30 بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 16:30 \ft \+bd «ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوق»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى تېخى سورىماي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغىنىنى ئاللىقاچان بىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f*  \x + \xo 16:30 \xt يـۇھ. 21‏:17. \x* \m \v 31 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: \m ــ ھازىر ئىشەندىڭلارمۇ؟ \v 32 مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر. \f □ \fr 16:32 \ft \+bd «ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر»\+bd* ــ «ئۆز يوللىرىڭلارغا» ياكى «ئۆزۈڭلارنىڭكىگە» (دېمەك، ئۆز ئۆيۈڭلارغا). «ماتتا» 56:26، «مار.» 50:14نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:32 \xt زەك. 13‏:7؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ يـۇھ. 8‏:29؛ 14‏:10. \x* \v 33 سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!\x + \xo 16:33 \xt يەش. 9‏:5؛ يـۇھ. 14‏:27؛ رىم. 5‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:13؛ كول. 1‏:20. \x* \b \b \m \c 17 \s1 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى \m \v 1 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: \m ــ ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛\x + \xo 17:1 \xt يـۇھ. 12‏:23؛ 13‏:32. \x* \v 2 يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.\f □ \fr 17:2 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلار...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭغا بەرگەن بارلىق ئىنسانلار...» ــ دېمەك، مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار.\f*  \x + \xo 17:2 \xt زەب. 8‏:6؛ مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 3‏:35؛ 5‏:27؛ 1كور. 15‏:25؛ فىل. 2‏:10؛ ئىبر. 2‏:8. \x* \v 3 مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.\x + \xo 17:3 \xt يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22\x* \v 4 مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم.\x + \xo 17:4 \xt يـۇھ. 4‏:34؛ 13‏:32؛ 14‏:13؛ 19‏:30. \x* \v 5 ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.\f □ \fr 17:5 \ft \+bd «ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن»\+bd* ــ ياكى بولمىسا «ئى ئاتا، مەن سەن بىلەن بىرگە ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ ئۇلۇغلاندۇرغايسەن».\f*  \x + \xo 17:5 \xt يـۇھ. 1‏:1، 2؛ 10‏:30؛ 14‏:9. \x* \m \v 6 سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى.\f □ \fr 17:6 \ft \+bd «سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم» ئېيتقىنى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ تەۋرات-زەبۇردا خۇدانىڭ نۇرغۇن ناملىرى (پەرۋەردىگار (ياھۋەھ)، خۇدا (ئەلوھىم)، رەب (ئادوناي) قاتارلىقلار) ئايان قىلىنغاندىن كېيىن مەسىھ قايسى نامنى ئۇلارغا ئايان قىلغان؟ ئۇ «ئاتا» ئەمەسمۇ؟\f* \v 7 ئۇلار ھازىر سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى. \v 8 چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.\x + \xo 17:8 \xt يـۇھ. 16‏:27. \x* \v 9 بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. \v 10 مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم.\f □ \fr 17:10 \ft \+bd «مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم»\+bd* ــ «ئۇلاردا...» مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى بەلكىم «سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەردە..» بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 17:10 \xt يـۇھ. 16‏:15. \x* \m \v 11 مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي. \f □ \fr 17:11 \ft \+bd « سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن نامىڭ بىلەن ماڭا تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىنكى،... ». مۇشۇ يەردە «سەن ماڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن نامىڭ» بولسا يەنىلا خۇدائاتىنىڭ ئۆز مەسىھىگە ئىنسانلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن تاپشۇرغان «ئاتا» (ئىبرانىي تىلىدا «ئاببا») دېگەن قىممەتلىك نامىدۇر.\f* \v 12 مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. \f □ \fr 17:12 \ft \+bd «مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم؛ سەن ماڭا تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى قوغدىدىم؛... ». بۇ «نام» يەنىلا يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك «ئاتا» بولسا كېرەكتۇر. \+bd «ھالاكەتكە خاس بولغان كىشى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ھالاكەتنىڭ ئوغلى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ يەھۇدا ئىشقارىيوتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسىھگە ساتقۇنلۇق قىلغان كىشىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشى توغرۇلۇق بېشارەتلەر بەلكىم «زەب.» 9:41، 1:109-20 ۋە «پەند.» 22:24 (LXX)نى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.\f*  \x + \xo 17:12 \xt يەش. 8‏:18؛ يـۇھ. 6‏:39؛ 10‏:28؛ 18‏:9؛ ئىبر. 2‏:13. \x* \v 13 مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم. \v 14 مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. \f □ \fr 17:14 \ft \+bd «مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك...»\+bd* ــ ياكى «مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك...».\f*  \x + \xo 17:14 \xt يـۇھ. 15‏:19. \x* \v 15 ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتكەيسەن دەپ تىلىمەيمەن، بەلكى ئۇلارنى رەزىل بولغۇچىدىن ساقلىغايسەن، دەپ تىلەيمەن. \f □ \fr 17:15 \ft \+bd «رەزىل بولغۇچى»\+bd* ــ شەيتان، ئىبلىس.\f* \v 16 مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر. \v 17 ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر. \f □ \fr 17:17 \ft \+bd «ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن»\+bd* ــ «ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن» گرېك تىلىدا «مۇقەددەسلەشتۈرگەيسەن» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىنجىلدا ھەم تەۋراتتا «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «پاك» ھەم «خۇداغا ئالايىتەن ئاتالغان» دېگەن ئىككى ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 17:17 \xt زەب. 119‏:142؛ يـۇھ. 8‏:4. \x* \v 18 سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. \x + \xo 17:18 \xt يـۇھ. 20‏:21. \x* \v 19 ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا خاس ئاتايمەن.\f □ \fr 17:19 \ft \+bd «ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ...»\+bd* ــ «مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن» گرېك تىلىدا «ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەسلەشتۈرۈلسۇن» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 17:19 \xt 1كور. 1‏:2،30؛ 1تېس. 4‏:7. \x* \m \v 20 مەن يالغۇز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. \v 21 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ. \x + \xo 17:21 \xt يـۇھ. 10‏:38؛ 14‏:11؛ گال. 3‏:28. \x* \v 22 سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛ \v 23 يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ. \m \v 24 ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن.\x + \xo 17:24 \xt يـۇھ. 12‏:26؛ 14‏:3. \x* \m \v 25 ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى. \x + \xo 17:25 \xt يـۇھ. 15‏:21؛ 16‏:3، 27؛ 17‏:8. \x* \v 26 ۋە مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ۋە يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولىدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.\f □ \fr 17:26 \ft \+bd «مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم»\+bd* ــ 6-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 18 \s1 ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى \r مات. 26‏:47-56؛ مار. 14‏:43-50؛ لۇقا 22‏:47-53 \m \v 1 ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ كىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى ئۇ باغچىگە كىردى.\f □ \fr 18:1 \ft \+bd «ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «تاشقىرىغا چىقىپ...» زىياپەت بولغان ئۆيدىن ياكى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئۆزىدىن چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. كىدرون ۋادىسى بولسا شەھەرنىڭ سىرتىدا (شەرق تەرەپتە) ئىدى.\f*  \x + \xo 18:1 \xt 2سام. 15‏:23؛ مات. 26‏:36؛ مار. 14‏:32؛ لۇقا 22‏:39. \x* \v 2 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇراتتى. \v 3 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بىر توپ رىم لەشكەرلىرى بىلەن باش كاھىنلار ھەم پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن قاراۋۇللارنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى.\x + \xo 18:3 \xt مات. 26‏:47؛ مار. 14‏:43؛ لۇقا 22‏:47. \x* \v 4 ئەيسا بېشىغا چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: \m ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 5 ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. \m ئەيسا ئۇلارغا: \m ــ مانا مەن بولىمەن، ــ دېدى. \m (ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى). \v 6 ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.\f □ \fr 18:6 \ft \+bd «ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى»\+bd* ــ «يۇھاننا»دىكى باشقا بەزى يەرلەردىكى «مەن بولىمەن» دېگەن سۆز خۇدانىڭ «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن نامىنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە «مانا مەن بولىمەن» دېگەنمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى ئاڭلاپلا «ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى».\f* \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: \m ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دېيىشتى ئۇلار. \m \v 8 ئەيسا: ــ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مەن شۇ بولىمەن. ئەگەر ئىزدىگىنىڭلار مەن بولسام، بۇلارنى كەتكىلى قويۇڭلار، ــ دېدى. \m \v 9 بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ: «\add ئاتا\add*، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يىتتۈرمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.\f □ \fr 18:9 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى»\+bd* ــ ياكى «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى». بۇ سۆزلەر ئاساسەن ھەم 39:6 ھەم 12:17دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 18:9 \xt يـۇھ. 6‏:39؛ 10‏:28؛ 17‏:12. \x* \m \v 10 سىمون پېترۇسنىڭ يېنىدا بىر قىلىچ بولغاچ، ئۇ شۇئان ئۇنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چاكارنىڭ ئىسمى مالكۇس ئىدى. \x + \xo 18:10 \xt مات. 26‏:51؛ مار. 14‏:47؛ لۇقا 22‏:50. \x* \v 11 ئەيسا پېترۇسقا: \m ــ قىلىچنى غىلاپقا سال! ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟ ــ دېدى.\f □ \fr 18:11 \ft \+bd «ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟»\+bd* ــ بۇ «قەدەھ» ئۆزى تارتىش كېرەك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «مات.» 39:26، «مار.» 36:14 ۋە لۇقا» 42:22نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 18:11 \xt مات. 20‏:22؛ 26‏:39. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، سوراق قىلىنىشى \r مات. 26‏:57-58؛ مار. 14‏:53-54؛ لۇقا 22‏:54 \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. \v 13 ئاندىن ئۇنى ئالدى بىلەن ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئانناس بولسا شۇ يىلى باش كاھىن بولۇپ تۇرغان قايافانىڭ قېينئاتىسى ئىدى. \x + \xo 18:13 \xt مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ لۇقا 3‏:2؛ 22‏:54. \x* \v 14 بۇرۇن يەھۇدىي كېڭەشمىسىدىكىلەرگە: «پۈتۈن خەلقنىڭ \add ھالاك بولۇشىنىڭ\add* ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى.\f □ \fr 18:14 \ft \+bd ««پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى»\+bd* ــ 49:11-50نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 18:14 \xt يـۇھ. 11‏:50. \x* \b \m \s1 پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى \r مات. 26‏:69-70؛ مار. 14‏:66-68؛ لۇقا 22‏:55-57 \m \v 15 ئەمدى سىمون پېترۇس بىلەن يەنە بىر مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغانىدى. ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا، باش كاھىننىڭ سارىيىغا ئەيسا بىلەن تەڭ كىردى. \f □ \fr 18:15 \ft \+bd «يەنە بىر مۇخلىس...»\+bd* ــ «يەنە بىر مۇخلىس» گرېك تىلىدا «ھېلىقى مۇخلىس». يۇھاننا بايانىدا پات-پات ئۆزىنى نامسىز كۆرسىتىپ «ھېلىقى مۇخلىس» دەيدۇ (16:18، 2:20، 3، 4 ۋە 8نى كۆرۈڭ). \+bd «ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا...»\+bd* ــ ئالىملار نامسىز «ئۇ مۇخلىس»نى يۇھاننا دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇشبۇ باياندا بولغاندەك ئۇ دائىم دېگۈدەك پەقەت «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم»نىلا ئاساس قىلىدۇ. 24:21نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 18:15 \xt مات. 26‏:58؛ مار. 14‏:54؛ لۇقا 22‏:54. \x* \v 16 لېكىن پېترۇس بولسا دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالدى. شۇڭا باش كاھىنغا تونۇش بولغان ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. \v 17 دەرۋازىۋەن بولغان شۇ دېدەك پېترۇستىن: \m ــ سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ياق، ئەمەس، ــ دېدى پېترۇس.\f □ \fr 18:17 \ft \+bd «سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «سەن\+bd مۇ\+bd*» دېگەن سۆز بەلكىم بىرىنچى مۇخلىس ئۆزىنىڭ ئەيسانىڭ مۇخلىسى ئىكەنلىكىنى بۇ قىزغا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 18 ئەمدى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاكارلار ۋە قاراۋۇللار شاخاردىن گۈلخان ياققان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسسىندى.\x + \xo 18:18 \xt مات. 26‏:69؛ مار. 14‏:67؛ لۇقا 22‏:55. \x* \b \m \s1 باش كاھىن ئانناسنىڭ ئەيسانى سوراق قىلىشى \r مات. 26‏:59-66؛ مار. 14‏:55-64؛ لۇقا 22‏:66-71 \m \v 19 باش كاھىن بولسا ئەيسادىن مۇخلىسلىرى توغرۇلۇق ۋە تەلىمى توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلىدى. \v 20 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى: \m ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم. \x + \xo 18:20 \xt يـۇھ. 7‏:26. \x* \v 21 بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسەن؟ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سورىغىن؛ مانا، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ. \m \v 22 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان قاراۋۇللاردىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: \m ــ باش كاھىنغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ ــ دېدى.\x + \xo 18:22 \xt يەر. 20‏:2؛ روس. 23‏:2. \x* \m \v 23 ــ ئەگەر يامان سۆز قىلغان بولسام، ئۇنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. ئەمما ئېيتقانلىرىم دۇرۇس بولسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. \m \v 24 بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى.\f □ \fr 18:24 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا ئىككى باش كاھىن بار ئىدى. 22-ئايەتتە ئانناسمۇ «باش كاھىن» دېيىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار نۆۋەت بويىچە باش كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان. 21:19نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 18:24 \xt مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ لۇقا 22‏:54. \x* \b \m \s1 پېترۇسنىڭ ئەيسادىن يەنە ئىككى قېتىم تېنىشى \r مات. 26‏:71-75؛ مار. 14‏:69-72؛ لۇقا 22‏:58-62 \m \v 25 سىمون پېترۇس \add ئوتنىڭ\add* ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقانىدى. \add يېنىدىكىلەر\add*: \m ــ سەنمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمىدىڭ؟ ــ دېيىشتى. \m ــ ياق، ئەمەسمەن، ــ دەپ تاندى پېترۇس.\f □ \fr 18:25 \ft \+bd «يېنىدىكىلەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار».\f*  \x + \xo 18:25 \xt مات. 26‏:71؛ مار. 14‏:69؛ لۇقا 22‏:58. \x* \m \v 26 ئۇ يەردە باش كاھىننىڭ چاكارلىرىدىن، پېترۇس قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغان كىشىگە تۇغقان بىرسى بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا: \m ــ باغچىدە سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرگەنىدىمغۇ؟! ــ دېدى. \m \v 27 پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى.\x + \xo 18:27 \xt يـۇھ. 13‏:38. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇس ئالدىدا سوراق قىلىنىشى \r مات. 27‏:1-2، 11-31؛ مار. 15‏:1-20؛ لۇقا 23‏:1-25 \m \v 28 ئاندىن ئۇلار ئەيسانى قايافانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى (شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى). ئۇنى ئېلىپ كەلگەن \add يەھۇدىيلار\add* بولسا ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمىدى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى.\f □ \fr 18:28 \ft \+bd «...بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. 14:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \fp «ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى». ئۇلارنىڭ كۆزقارىشى: «يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىگە كىرسەك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بەلكىم «ناپاك بىر نەرسە» (مەسىلەن بىر جەسەت ياكى ئۆلۈك نەرسە)گە تەگكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بىز ئۇلارغا تەگسەك ئۇلاردىكى «ناپاكلىق» بىزگىمۇ يۇقتۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئىدى. دېمىسەكمۇ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلگەن بۇ «تاھارەتلەر» تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇندىكى «ناپاكلىق» توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنىدى. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار «بۇلغىنىش»تىن قورقۇپ ئۆز «پاكلىقىنى» بۇلغىماسلىققا قىزغىنلىق بىلەن تىرىشقىنى بىلەن، يەنە خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى.\f*  \x + \xo 18:28 \xt مات. 27‏:1؛ مار. 15‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:1. \x* \m \v 29 شۇڭا \add ۋالىي\add* پىلاتۇس سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا: \m ــ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئەرز قىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 30 ئۇلار: \m ــ بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.\f □ \fr 18:30 \ft \+bd «بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا...»\+bd* ــ ياكى «بۇ ئادەم رەزىل قىلغۇچى بولمىسا...».\f* \m \v 31 ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. \m يەھۇدىيلار: \m ــ بىزنىڭ ھېچكىمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، ــ دېيىشتى. \m \v 32 بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى.\f □ \fr 18:32 \ft \+bd «بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مەسىھ بىرنەچچە قېتىم يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىقادسىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ رىملىقلار ئىجاد قىلغان كرېستتە ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (مەسىلەن، «مات.» 19:20، 2:26، «لۇقا» 32:18-33، «يۇھ.» 14:3، 32:12-33).\f*  \x + \xo 18:32 \xt مات. 20‏:19؛ يـۇھ. 12‏:32. \x* \m \v 33 ئاندىن پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: \m ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 18:33 \xt مات. 27‏:11؛ مار. 15‏:2؛ لۇقا 23‏:3. \x* \m \v 34 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ سوئالنى ئۆزۈڭ سوراۋاتامەسەن، ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق ساڭا شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 35 ــ مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە باش كاھىنلارغۇ! نېمە \add جىنايەت\add* ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ ــ دېدى پىلاتۇس.\f □ \fr 18:35 \ft \+bd «مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟»\+bd* ــ پىلاتۇسنىڭ بۇ سۆزى: «مەن يەھۇدىي ئەمەس، خەلقىڭ سەن توغرۇلۇق بىرنېمە دېمىگەن بولسا، مەنمۇ ھېچنېمە دېمەيمەنغۇ» دېگەن پۇرىقى بار سوئالدۇر.\f* \m \v 36 ئەيسا جاۋابەن: ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 18:36 \ft \+bd «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر»\+bd* ــ ياكى «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر».\f*  \x + \xo 18:36 \xt يـۇھ. 6‏:15؛ 1تىم. 6‏:13. \x* \m \v 37 شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ \m ئەيسا جاۋابەن: ــ شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ــ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 18:37 \ft \+bd «شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك»\+bd* ــ ئەيسانىڭ بۇ جاۋابنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.\f* \m \v 38 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: \m ــ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. \m پىلاتۇس مۇشۇلارنى دەپ، يەنە تاشقىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: \m ــ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. \x + \xo 18:38 \xt مات. 27‏:24؛ لۇقا 23‏:4. \x* \v 39 لېكىن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سىلەر ئۈچۈن \add مەھبۇسلاردىن\add* بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار. شۇڭا بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى.\f □ \fr 18:39 \ft \+bd «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار»\+bd* ــ ياكى: «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش بىر ئادىتىم بار».\f*  \x + \xo 18:39 \xt مات. 27‏:15؛ مار. 15‏:6؛ لۇقا 23‏:17. \x* \m \v 40 ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاۋاب بېرىپ: \m ــ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دەپ قىيقاس-سۈرەن سېلىشتى (بارابباس بولسا بىر قاراقچى ئىدى).\x + \xo 18:40 \xt مات. 27‏:16؛ مار. 15‏:7؛ لۇقا 23‏:19؛ روس. 3‏:1. \x* \b \b \m \c 19 \s1 ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى.\f □ \fr 19:1 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى»\+bd* ــ مۇشۇ خىل «قامچىلاش» ئادەتتە كرېستلىنىشتىن ئاۋۋالقى جازا ئىدى. جازا ئەسۋابى تۆمۈر ياكى سۆڭەك پارچىلىرى باغلاقلىق نەچچە تانىلىق قامچا ئىدى. بۇ جازانىڭ ئۆزى شۇنچە ئېغىركى، جازالانغۇچى گاھى ۋاقىتلاردا تېخى كرېستلەنمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭدىن ئۆلۈپ كېتەتتى.\f*  \x + \xo 19:1 \xt مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:15. \x* \v 2 لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا \add شاھانە\add* سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، \v 3 ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: \m ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى. \m \v 4 پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: \m ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى. \m \v 5 بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: \m ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى.\f □ \fr 19:5 \ft \+bd «قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە!»\+bd* ــ پىلاتۇس مۇشۇ يەردە بىلمىگەن ھالدا زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ شۇ بېشارىتىنى ئاغزىغا ئالغان ئىدى: «قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئادەم!» («زەك.» 8:3، 12:6).\f* \m \v 6 باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ: \m ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى. \m پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى. \m \v 7 يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: \m ــ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى.\x + \xo 19:7 \xt لاۋ. 24‏:16؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:3. \x* \m \v 8 پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،\f □ \fr 19:8 \ft \+bd «پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،...»\+bd* ــ پىلاتۇس نېمىشقا قورقتى؟ ئەگەر بىرسى ئۆزىنى رىملىق ئىمپېراتور قەيسەرگە باراۋەر قىلىپ «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېسە، «قەيسەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن؛ شۇڭا گەرچە ئۇنىڭ ئەيسانى قويۇۋەتكۈسى بولسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلىشتىن قورقاتتى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن، يەنى ئايالىنىڭ ئەيسا توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقىشىمۇ مۇمكىن ئىدى («مات.» 19:27).\f* \v 9 يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن: \m ــ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. \m \v 10 شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى. \m \v 11 ئەيسا جاۋابەن: ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 19:11 \ft \+bd «ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى»\+bd* ــ «ئەرشتىن» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «يۇقىرىدىن». مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەرشنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «... مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەم»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا ئەمەس، بەلكى باش كاھىن قايافا ئىدى. قايافا يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچى-مەسىھىنى ئېتىقادسىز رىملىقلارغا تاپشۇرغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولغانىدى.\f* \m \v 12 شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ: \m ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.\f □ \fr 19:12 \ft \+bd «بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز!»\+bd* ــ «قەيسەر» رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئۇنۋانى. «قەيسەرنىڭ دوستى» ــ بۇ مەخسۇس بىر ئۇنۋان ئىدى. پىلاتۇس بەلكىم مىڭ تەسلىكتە شۇ ئالاھىدە ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنە شۇنداق يۇقىرى ئۇنۋاندىن مەھرۇم بولۇشتىن ئىنتايىن قورقاتتى.\f*  \x + \xo 19:12 \xt روس. 17‏:7. \x* \m \v 13 پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى \v 14 (ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: \m مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى.\f □ \fr 19:14 \ft \+bd «ۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈندىكى ھېيت «چاگىگاھ» دەپ ئاتىلاتتى («قان.» 1:16-13، «2تار.» 1:35، 2، 6 ۋە 18نى كۆرۈڭ). \fp «ئالتىنچى سائەت» باشقا ئىزاھاتلىرىمىزدا ئېيتقىنىمىزدەك، رىم ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەتىگەن سائەت ئالتە ئىدى.\f* \m \v 15 لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. \m پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. \m باش كاھىنلار جاۋابەن: \m ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ \add توۋلاشتى\add*. \m بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.\x + \xo 19:15 \xt يار. 49‏:10. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى \r مات. 27‏:32-44؛ مار. 15‏:21-32؛ لۇقا 23‏:26-39 \m \v 16‏-17 \add لەشكەرلەر\add* ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى.\x + \xo 19:16‏-17 \xt مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:24، 25؛ مات. 27‏:31، 33؛ مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:26، 33. \x* \v 18 ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى. \m \v 19 پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. \x + \xo 19:19 \xt مات. 27‏:37؛ مار. 15‏:26؛ لۇقا 23‏:38. \x* \v 20 ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى. \v 21 شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا: \m ــ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، ــ دېيىشتى. \m \v 22 بىراق پىلاتۇس جاۋابەن: \m ــ يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! ــ دېدى. \m \v 23 لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى. \x + \xo 19:23 \xt مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ لۇقا 23‏:34. \x* \v 24 شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: \m ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى. \m بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى: ــ \b \m «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، \m مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى». \m دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.\f □ \fr 19:24 \ft \+bd «مېنىڭ كۆڭلىكىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ چاپىنىم». زەبۇردا («زەب.» 18:22) ئىبرانىي تىلى بويىچە «چاپان» ياكى «كۆڭلەك»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، *مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى»\+bd* ــ «زەب.» 15:22.\f*  \x + \xo 19:24 \xt زەب. 22‏:18\x* \m \v 25 ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى. \f □ \fr 19:25 \ft \+bd «ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى»\+bd* ــ بۇ ئايەتنى «مات.» 56:27 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «ئەيسانىڭ ئانىسىنىڭ سىڭلىسى»، يەنى مەريەمنىڭ سىڭلىسى بولسا زەبەدىينىڭ ئايالى، شۇنداقلا روسۇللاردىن يۇھاننا بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى باردۇر. «مار.» 40:15دە ئۇ «سالومى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 19:25 \xt مات. 27‏:55؛ مار. 15‏:40؛ لۇقا 23‏:49. \x* \v 26 ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: \m ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى.\f □ \fr 19:26 \ft \+bd «ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ...»\+bd* ــ «ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسى» بەلكىم بۇ باياننىڭ مۇئەللىپى يۇھاننا بولۇشى مۇمكىن. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 27 ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا: \m ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى. \m شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى. \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئۆلۈمى \r مات. 27‏:45-56؛ مار. 15‏:33-41؛ لۇقا 23‏:44-49 \m \v 28 ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): \m ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى.\f □ \fr 19:28 \ft \+bd «ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى»\+bd* ــ «زەب.» 15:22، 31- ياكى 21:69نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 19:28 \xt زەب. 22‏:15؛ 69‏:21\x* \m \v 29 ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى. \v 30 ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: \m ــ تامام بولدى! ــ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى.\f □ \fr 19:30 \ft \+bd «ئەيسا... بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى»\+bd* ــ ئەيسا «بېشىنى تۆۋەن چۈشۈردى» ئاندىن، «روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى». ئادەتتىكى ئادەم بولسا، ئاۋۋال «روھىنى بېرىدۇ» \+bd ئاندىن\+bd* «بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرىدۇ». دېمەك، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈشىنىڭ دەقىقىسىنى تاللىۋالدى، ئۆزلۈكىدىن ئۆلدى (17:10-18نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ بىقىنىغا نەيزە سانجىلىشى \m \v 31 ئۇ كۈنى \add ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ\add* تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. \f □ \fr 19:31 \ft \+bd «ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا،...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى). 14-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \fp يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدەك بۇ كۈنى ئادەتتىكى بىر شابات كۈنى (ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى) بولغان بۇلوشىمۇ مۇمكىن. ئىككى تەرەپتىن «شابات» كۈنى بولغاچقا، بەلكىم «ئۇلۇغ كۈن» دېيىلىشى مۇمكىن ئىدى. \+bd «كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى»\+bd* ــ «قان.» 22:21-23 ۋە «يەشۇئا» 29:8دە يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن بېكىتىلگەن قانۇن بويىچە، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىرسىنىڭ جەسىتى تۈۋرۈك ياكى دەرەختە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇرماسلىقى كېرەك ئىدى؛ بولمىسا «زېمىنىڭلار ناپاك بولىدۇ» دەپ بېكىتىلىگەن. كرېستكە تارتىلغانلار بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى-ئۈچ كۈن ئېسىلغاندىن كېيىنلا ئۆلەتتى. ئەگەر پۇتىلىرى سۇنۇلغان بولسا، كۆكسىنى تولۇق كۆتۈرەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن نەپەس ئالالماي تېزلا ئۆلەتتى.\f* \v 32 شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى. \v 33 لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. \v 34 ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.\f □ \fr 19:34 \ft \+bd «ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى»\+bd* ــ «1يۇھ.» 6:5-8نى كۆرۈڭ. «قان ۋە سۇ»نىڭ تەڭ چىقىشى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 35 بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ. \v 36‏-37 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى.\f □ \fr 19:36‏-37 \ft \+bd «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ»\+bd* ــ «مىس.» 10:12، (LXX) ، 46:12، «چۆل.» 12:9، «زەب.» 20:34. \+bd «ۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ»\+bd* ــ «زەك.» 10:12.\f*  \x + \xo 19:36‏-37 \xt مىس. 12‏:46؛ چۆل. 9‏:12؛ زەب. 34‏:20؛ زەك. 12‏:10. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى \r مات. 27‏:57-61؛ مار. 15‏:42-47؛ لۇقا 23‏:50-56 \m \v 38 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى. \x + \xo 19:38 \xt مات. 27‏:57؛ مار. 15‏:42؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 12‏:42. \x* \v 39 بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، \add ئۇنىڭ\add* \add بىلەن بىللە\add* كەلدى. \f □ \fr 19:39 \ft \+bd «بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىم»\+bd* ــ «يۇھ.» 1:3-15نى كۆرۈڭ. \+bd «مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ،...»\+bd* ــ شۇ چاغدىكى «جىڭ» بەلكىم 0.325 كىلوگرام ئىدى، شۇڭا دورا-دەرمانلار 32 كىلوچە ئىدى.\f*  \x + \xo 19:39 \xt يـۇھ. 3‏:1؛ 7‏:50. \x* \v 40 ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. \v 41 ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى. \f □ \fr 19:41 \ft \+bd «باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى»\+bd* ــ ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردىن ئېنىقكى، بۇ قەبرە (يەرلىك) تاش ئۆڭكۈر ئىدى. «ھېچكىم شۇ يەرگە قويۇلمىغان» بولغاچقا، شۇ يەر تەۋرات قانۇنى بويىچە پۈتۈنلەي «پاكىز بىر جاي» (ھېچ ئۆلۈك تېگىپ باقمىغان) دەپ ھېسابلىناتتى.\f* \v 42 بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەيسانى شۇ يەرلىككە قويدى.\f □ \fr 19:42 \ft \+bd «يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا،...»\+bd* ــ «ھېيت» بولسا «پېتىر نان ھېيتى». ئۇنىڭ بىرىنچى كۈنى بىلەن شابات كۈنى ئوخشاشلا شۇ كۈنى كەچ سائەت 6-دە باشلىناتتى، شۇڭا تېزرەك دەپنە قىلىنىش كېرەك ئىدى.\f* \b \b \m \c 20 \s1 ئەيسانىڭ تىرىلىشى \r مات. 28‏:1-10؛ مار. 16‏:1-8؛ لۇقا 24‏:1-12 \m \v 1 ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.\f □ \fr 20:1 \ft \+bd «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ يەنى يەكشەنبە كۈنى. \+bd «ماگداللىق مەريەم... قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى»\+bd* ــ قەبرە ئۆڭكۈر ئىدى («مات.» 60:27، «لۇقا» 53:23).\f*  \x + \xo 20:1 \xt مات. 28‏:1؛ مار. 16‏:1؛ لۇقا 24‏:1. \x* \v 2 شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: \m ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى.\f □ \fr 20:2 \ft \+bd «ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بىز» ئىسپاتلايدۇكى، ئىنجىلدىكى باشقا «بايانلار»دا ئېيتىلغاندەك، ئەسلىدە مەريەم بىلەن بىللە يەنە باشقا ئاياللارمۇ بار ئىدى («مات.» 1:28، «مار.» 1:16-2. «لۇقا» 54:23-1:24نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 20:2 \xt يـۇھ. 13‏:23؛ 21‏:7،20. \x* \m \v 3 پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى.\x + \xo 20:3 \xt لۇقا 24‏:12. \x* \v 4 ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. \v 5 ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى.\x + \xo 20:5 \xt يـۇھ. 19‏:40. \x* \v 6 ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى، \v 7 شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى.\x + \xo 20:7 \xt يـۇھ. 11‏:44. \x* \m \v 8 ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى\f □ \fr 20:8 \ft \+bd «ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى»\+bd* ــ «ھېلىقى مۇخلىس» (يۇھاننا) نېمىگە ئىشەندى؟ ئۇ شۇ كېپەنلەرنى ۋە ياغلىقنىڭ شۇنداق رەتلىك قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى ھېچكىم ئوغرىلىمىدى، بەلكى ئۇ چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلدى، دەپ ئىشەندى.\f* \v 9 (چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). \f □ \fr 20:9 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشى..»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن تىرىلىشى...». \+bd «ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت...»\+bd* ــ بىز باشقا يەرلەردە كۆرسەتكىنىمىزدەك، تەۋرات-زەبۇردا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن بېشارەتلەر باردۇر.\f*  \x + \xo 20:9 \xt زەب. 16‏:10؛ روس. 2‏:25،31؛ 13‏:35. \x* \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى.\f □ \fr 20:10 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى»\+bd* ــ «ئۆز تۇرالغۇلىرىغا» گرېك تىلىدا «ئۆزلىرىنىڭكىگە» ياكى «ئۆزلىرىنىڭكىلەرگە».\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈنۈشى \r مار. 16‏:9-11 \m \v 11 ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، \x + \xo 20:11 \xt مات. 28‏:1؛ مار. 16‏:5؛ لۇقا 24‏:4. \x* \v 12 مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. \m \v 13 ئۇلار مەريەمدىن: \m ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. \m \v 14 ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.\x + \xo 20:14 \xt مات. 28‏:9؛ مار. 16‏:9. \x* \m \v 15 ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: \m ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى. \m \v 16 مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. \m مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: \m ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە). \m \v 17 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى.\f □ \fr 20:17 \ft \+bd «ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن!.. \+bd*\+bdit دېدى\+bdit*» ــ «ماڭا ئېسىلمىغىن!» ياكى «ماڭا قول تەگكۈزىۋەرمە». كېيىنكى سۆزلەر بۇنىڭ مەنىسىنىڭ «ئېسىلمىغىن» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. \+bd «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن»\+bd* ــ ئەيسانىڭ ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈنۈشى توغرۇلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئېيتقان بۇ مۇھىم سۆزلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 20:17 \xt زەب. 22‏:22؛ مات. 28‏:10؛ يـۇھ. 16‏:2؛ ئىبر. 2‏:11. \x* \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.\x + \xo 20:18 \xt مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10؛ لۇقا 24‏:9. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا كۆرۈنۈشى \r مات. 28‏:16-20؛ مار. 16‏:14-18؛ لۇقا 24‏:36-49 \m \v 19 شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا \add كۆرۈنۈپ\add*، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: \m ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. \f □ \fr 20:19 \ft \+bd «سىلەرگە خاتىرجەملىك بولغاي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيقۇم!» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم».\f*  \x + \xo 20:19 \xt مار. 16‏:14؛ لۇقا 24‏:36؛ 1كور. 15‏:5. \x* \v 20 بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. \x + \xo 20:20 \xt يـۇھ. 16‏:22. \x* \v 21 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: \m ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 20:21 \xt يەش. 61‏:1؛ مات. 28‏:19؛ مار. 16‏:15؛ لۇقا 4‏:18؛ يـۇھ. 17‏:18. \x* \m \v 22 بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: \m ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار. \v 23 كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى.\f □ \fr 20:23 \ft \+bd «كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ!»\+bd* ــ بۇ روسۇللارنىڭ كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق ھوقۇق پەقەت خۇداغىلا تەۋەدۇر. «مات.» 19:16 ۋە 18:18نى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە، بۇ «گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش» جامائەتنىڭ تەرتىپىگە باغلىقتۇر. ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتكە قاتنىشىۋېرەمدۇ؟ رەببىمىز «مات.» 15:18-20دە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئەمر بېرىدۇ؛ بۇ ئەمر بويىچە جامائەتنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ئەمما توۋا قىلمىغان قېرىنداشلىرىنى جامائەتتىن چىقىرىش ھوقۇقى باردۇر. «كورىنتلىقلارغا (1) ۋە (2)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ، بولۇپمۇ «2كور.» 11:2 توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈشىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:23 \xt مات. 16‏:19؛ 18‏:18. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ توماسقا كۆرۈنۈشى \m \v 24 ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. \f □ \fr 20:24 \ft \+bd ««قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس»\+bd* ــ گرېك تىلىدا ««دىدىمۇس» دەپ ئاتالغان توماس».\f* \v 25 شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: \m ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: \m ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى. \m \v 26 سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: \m ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. \v 27 ئاندىن ئۇ توماسقا: \m ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى.\x + \xo 20:27 \xt 1يۇھ. 1‏:1. \x* \m \v 28 توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 20:28 \ft \+bd «مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن!»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىم!». ھازىر بارلىق مۇخلىسلار مەسىھنىڭ تولۇق سالاھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنىدى.\f* \m \v 29 ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى.\x + \xo 20:29 \xt 1پېت. 1‏:8. \x* \b \m \s1 ئۇشبۇ كىتابنىڭ مەقسىتى \m \v 30 ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. \x + \xo 20:30 \xt يـۇھ. 21‏:25. \x* \v 31 لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق \add ئۇنىڭغا\add* ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. \b \b \m \c 21 \s1 ئەيسانىڭ يەتتە مۇخلىسىغا كۆرۈنۈشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا تىبېرىياس دېڭىزىنىڭ بويىدا مۇخلىسلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشى مۇنداق بولدى:\f □ \fr 21:1 \ft \+bd «تىبېرىياس دېڭىزى»\+bd* ــ گالىلىيەدە بولۇپ، «گالىلىيە دېڭىزى» ۋە «خىننەسەرەت كۆلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان چوڭ كۆلدۇر.\f* \v 2 سىمون پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس، گالىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى مۇخلىس بىللە ئىدى.\x + \xo 21:2 \xt مات. 4‏:21؛ مار. 1‏:19؛ يـۇھ. 1‏:46. \x* \v 3 سىمون پېترۇس: \m مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، ــ دېدى. \m كۆپچىلىك: \m بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، ــ دېيىشتى. \m ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن شۇ بىر كېچە ھېچنەرسە تۇتالمىدى. \v 4 تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. \v 5 شۇڭا ئەيسا: \m ــ بالىلار، سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.\f □ \fr 21:5 \ft \+bd «سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بېلىق تۇتتۇڭلارمۇ؟» دېگەننى پۇرىتىدۇ.\f* \m \v 6 ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى \add شۇ ياققا\add* تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى.\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر»\+bd* ــ گالىلىيە دېڭىزىدىكى بېلىقلار كۈندۈزى دېڭىز ئاستىغا چۈشۈۋالىدىغىنى تۈپەيلىدىن، شۇ ۋاقىتتا بېلىق تۇتۇش زادى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.\f*  \x + \xo 21:6 \xt لۇقا 5‏:4، 6، 7. \x* \v 7 ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: \m ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى. \m سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى \add بېلىنىڭ ئاستى\add* يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى.\x + \xo 21:7 \xt يـۇھ. 13‏:23؛ 20‏:2. \x* \v 8 قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى.\f □ \fr 21:8 \ft \+bd «تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز»\+bd* ــ يۈز مېتردەك.\f* \v 9 ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. \v 10 ئەيسا: \m ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 21:10 \xt لۇقا 24‏:41. \x* \m \v 11 سىمون پېترۇس \add كېمىگە\add* چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى. \f □ \fr 21:11 \ft \+bd «بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى»\+bd* ــ بۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 12 ئەيسا: \m ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: \m ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى. \f □ \fr 21:12 \ft \+bd «مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى»\+bd* ــ رەب ئەيسا ئۇلارغا تونۇش بولغان قىياپەتتىن باشقا بىرخىل قىياپەتتە ئۇلارغا كۆرۈنگەن بولسا كېرەك.\f* \v 13 ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. \v 14 مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى.\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەيسانىڭ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلىپ،...». \+bd «ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى»\+bd* ــ بەلكىم ئون بىرەيلەننىڭ جەم بولغان ۋاقتىدا ئۇلارغا نىسبەتەن ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ ئۆزىدىن ئۈچ قېتىم تېنىشىدىن كېيىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى \m \v 15 ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: \m ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. \m ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى.\f □ \fr 21:15 \ft \+bd «يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون»\+bd* ــ «يۇنۇس» ــ گرېك تىلىدا ۋە ئىبرانىي تىلىدا «يوناھ» (ئەرەبچە «يۇنۇس»). بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يۇھاننا» دېيىلىدۇ. \+bd «مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن»\+bd* ــ مۇشۇ سوئالدا «بۇلار» كىمنى بىلدۈرىدۇ؟ بىزنىڭچە ئەينى يەردە تۇرغان باشقا مۇخلىسلارنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز. \+bd «مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن!»\+bd* ــ «سۆيىدىغانلىقىم» مۇشۇ يەردە ئادەتتە «دوست تۇتۇش» دېگەن بىر پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى گرېك تىلىدىكى «سۆيۈش»تىن ئاجىز بولغاچقا، بەزى ئالىملار پېترۇسنىڭ سۆزى «مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى «سۆيۈش» دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت «دوست تۇتۇش» دېگىلى بولىدۇ» دېگەندەك كىچىك پېئىللىقنى بىلدۈرىدۇ ياكى بولمىسا پېترۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيساغا بولغان مۇھەببىتىگە گۇمانى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز بۇ كۆزقاراشقا قايىلمىز.\f* \m \v 16 ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: \m ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m پېترۇس يەنە: \m ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. \m ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى.\f □ \fr 21:16 \ft \+bd «...رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن»\+bd* ــ «سۆيىدىغانلىقىم» دېگەن سۆز 15-ئايەتتىكىدەك «دوست تۇتۇش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 17 ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: \m ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: \m ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى. \m ئەيسا ئۇنىڭغا: \m ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات. \f □ \fr 21:17 \ft \+bd «يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟»\+bd* ــ «سۆيەمسەن» ــ ئەيسا بۇ قېتىم «سۆيۈش»نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن (15-ئايەتتىكى) «دوست تۇتۇش» دېگەن پېئىلنى ئىشلىتىدۇ. \+bd «رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «سۆيەمسەن؟» ۋە «سۆيىدىغانلىقىم» ئىككىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «دوست بولۇش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 21:17 \xt يـۇھ. 16‏:30. \x* \v 18 بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 21:18 \ft \+bd «ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بەزى كونا تارىخلار بويىچە، روسۇل پېترۇس ئاخىردا رەببى ئەيسادەك كرېستلەنگەن (رىم شەھىرىدە).\f*  \x + \xo 21:18 \xt يـۇھ. 13‏:36؛ روس. 12‏:3؛ 2پېت. 1‏:14. \x* \m \v 19 ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: \m ــ ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.\x + \xo 21:19 \xt 2پېت. 1‏:14. \x* \m \v 20 پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى). \f □ \fr 21:20 \ft \+bd «پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى..»\+bd* ــ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» روسۇل يۇھاننادۇر.\f*  \x + \xo 21:20 \xt يـۇھ. 13‏:23؛ 20‏:2؛ 21‏:7. \x* \v 21 پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن: \m ــ ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 22 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى. \m \v 23 بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى. \b \m \s1 خاتىمە \m \v 24 بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.\x + \xo 21:24 \xt يـۇھ. 19‏:35. \x* \m \v 25 ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى! \x + \xo 21:25 \xt يـۇھ. 20‏:30. \x*