\id JER \h يەرەمىيا \toc1 يەرەمىيا \toc2 يەرەمىيا \toc3 يەر. \mt1 يەرەمىيا \c 1 \s1 خۇدانىڭ يەرەمىيانى چاقىرىشى \m \v 1 بىنيامىن قەبىلىسى زېمىنىدىكى ئاناتوت يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلاردىن بولغان ھىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى \add تۆۋەندە خاتىرىلىنىدۇ\add*: ــ \m \v 2 يەھۇدا پادىشاھى، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە، يەنى ئۇ تەختكە ئولتۇرغان ئون ئۈچىنچى يىلىدا \add يەرەمىياغا\add* پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى؛ \x + \xo 1:2 \xt 2پاد. 21‏:26؛ 22‏:1-23؛ 2تار. 34‏:1-30\x* \v 3 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە ھەمدە يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى شۇ يىلنىڭ بەشىنچى ئېيىدا يېرۇسالېمدىكىلەر سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە كېلىپ تۇردى. \x + \xo 1:3 \xt 2پاد. 23‏:34؛ 24‏:17؛ 25‏:8؛ 2تار. 36‏:4، 10-23؛ يەر. 52‏:1-30\x* \m \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: \m \v 5 ــ ئاناڭنىڭ قورسىقىدا سېنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن سېنى بىلەتتىم؛ سەن بالىياتقۇدىن چىقىشتىن بۇرۇن سېنى ئۆزۈمگە ئاتاپ، ئەللەرگە پەيغەمبەر بولۇشقا تىكلىدىم، ــ دېيىلدى.\x + \xo 1:5 \xt گال. 1‏:15\x* \m \v 6 مەن بولسام: ــ ئاپلا، پەرۋەردىگار! مەن گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن؛ چۈنكى مەن گۆدەك بالىدۇرمەن، دېدىم.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «مەن گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن؛ چۈنكى مەن گۆدەك بالىدۇرمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بالا» دېگەن بۇ سۆز 5-16 ياشتىكى بالىنى كۆرسىتىدۇ. كىتابنىڭ باشقا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا بىزنىڭچە خۇدانىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلگەندە ئۇ بەلكىم تەخمىنەن ئون ئالتە ياشقا كىرگەنىدى.\f*  \x + \xo 1:6 \xt مىس. 3؛ 4؛ 6‏:11،29\x* \m \v 7 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ ئۆزۈڭنى گۆدەك بالا، دېمە؛ چۈنكى مەن سېنى كىمگە ئەۋەتسەم، سەن شۇلارغا بارىسەن؛ ۋە مەن سېنى نېمە دە دەپ بۇيرۇسام، سەن شۇنى دەيسەن. \v 8 ئۇلاردىن قورقما؛ چۈنكى سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دېدى.\x + \xo 1:8 \xt قان. 31‏:6، 8؛ يە. 1‏:5؛ ئ‍ەز. 3‏:9\x* \m \v 9 ۋە پەرۋەردىگار قولىنى سوزۇپ ئاغزىمغا تەگكۈزدى؛ پەرۋەردىگار ماڭا: مانا، ئۆز سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا قويدۇم؛ \x + \xo 1:9 \xt يەش. 6‏:6، 7؛ يەر. 5‏:14\x* \v 10 قارا، مۇشۇ كۈنى مەن سېنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش، قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەللەر ۋە پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تىكلىدىم، ــ دېدى.\x + \xo 1:10 \xt يەر. 18‏:7؛ 2كور. 10‏:4، 5\x* \b \m \s1 ئىككى ئالامەت كۆرۈنۈش \m \v 11 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: «يەرەمىيا، نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. \m مەن: «بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆرۈۋاتىمەن» ــ دېدىم. \m \v 12 پەرۋەردىگار ماڭا: «كۆرگىنىڭ ياخشى بولدى؛ چۈنكى مەن سۆزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن سۆزۈمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «كۆرگىنىڭ ياخشى بولدى؛ چۈنكى مەن سۆزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن سۆزۈمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن»\+bd* ــ بادام دەرىخى باھاردا بىرىنچى بولۇپ چېچەكلەپ، باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغۇچى بولغاچقا ئىبرانىي تىلىدا «كۆزەتچى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \b \m \v 13 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ: «نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. \m مەن: «پورۇق-پورۇق قايناۋاتقان، ئاغزى شىمال تەرىپىدىن قىيسايغان بىر قازاننى كۆردۈم» ــ دېدىم. \m \v 14 پەرۋەردىگار ماڭا: ــ كۈلپەت شىمال تەرەپتىن كېلىپ بۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە بۆسۈپ كېلىدۇ ــ دېدى.\x + \xo 1:14 \xt يەر. 4‏:6\x* \m \v 15 ــ چۈنكى مانا، مەن شىمالىي پادىشاھلىقلارنىڭ بارلىق جەمەتلىرىنى چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار كېلىدۇ، پادىشاھلار ھەربىرى ئۆز تەختىنى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرى ئالدىغا سېلىپ، ھەممە سېپىللارغا ۋە يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇمغا تەييارلىنىدۇ؛ \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «پادىشاھلار ھەربىرى ئۆز تەختىنى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرى ئالدىغا سېلىپ،..»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھلار ھەربىرى ئۆز تەختىنى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا سېلىپ...»\f*  \x + \xo 1:15 \xt يەر. 5‏:15؛ 6‏:22؛ 10‏:22؛ 52‏:4، 5\x* \v 16 شۇنىڭ بىلەن مەن \add يەھۇدادىكىلەرنىڭ\add* بارلىق رەزىللىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى جاكارلايمەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، ئۆز قوللىرى ياسىغانلىرىغا چوقۇندى. \m \v 17 سەن ئەمدى بېلىڭنى باغلاپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ساڭا بۇيرۇغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيت؛ ئۇلار ئالدىدا ھودۇقۇپ كەتمىگىن؛ بولمىسا مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ھودۇقتۇرىمەن. \v 18 قارا، مەن بۈگۈن سېنى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىغا، ئەمىرلىرىگە، كاھىنلىرىغا ھەم پۈتكۈل زېمىن خەلقىگە قارشى تۇرغۇچى مۇستەھكەم شەھەر، تۆمۈر تۈۋرۈك ۋە مىس سېپىللاردەك تىكلىدىم. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «مەن ... سېنى... مۇستەھكەم شەھەر، تۆمۈر تۈۋرۈك ۋە مىس سېپىللاردەك تىكلىدىم»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇكى، خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرى «ئۆتكەن زاماندا» ئېيتىلغان. بىر قاراشقا، يەرەمىيا پەقەت گۆدەك بىر ياش يىگىتتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىمان-ئىشەنچكە نىسبەتەن خۇدانىڭ سۆزى ئاللىقاچان ئىشەنگۈچىلەرگە پاكىت بولغان. ئىمان-ئىشەنچتىكى ئادەم ئىشلارغا خۇدانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارايدۇ.\f*  \x + \xo 1:18 \xt يەر. 6‏:27؛ 15‏:20\x* \v 19 ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ ــ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 2 \s1 ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارغا بولغان دەسلەپكى مۇھەببىتى \m \v 1 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 بېرىپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇنداق جار سالغىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنىڭ ياش ۋاقتىڭدىكى ۋاپادارلىقىڭنى، يەنى قىزنىڭ ئاشىقىغا بولغان مۇھەببىتىدەك سېنىڭ چۆل-باياۋاندا، يەنى تېرىلمىغان يەرلەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىڭنى سېنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن. \v 3 شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆز ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى دەپ قارالغانىدى؛ ئۇلارنى يەۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغانىدى ھەم ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالايىئاپەت چۈشكەنىدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان»\+bd* ــ «...پاك، ئالاھىدە ئاتالغان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «پەرۋەردىگارغا «قودەش»» («پەرۋەردىگارغا مۇقەددەسلىك») دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە بەلكىم ئايانكى، «مۇقەددەس»نىڭ ئەسلى مەنىسى دەل «خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان، پاك» دېگەنلىكتۇر. \fp مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»نى بولسا خۇداغا ئاتاپ، خۇدانىڭ ۋەكىلى بولغان كاھىنلارغا بېغىشلاش كېرەك ئىدى. خۇدا مۇشۇ يەردە: «ئىسرائىل ئالاھىدە مېنىڭكى ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىسرائىل خۇدانىڭ «ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولسا، ئەمدى ئۇلاردىن كېيىن خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان باشقا ئەللەردىن بولغانلارمۇ خۇدانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا «ھوسۇل بولۇپ» خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولۇشقا كېلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئاتا-بوۋىلار ئارىسىدا ۋاپاسىزلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى \m \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: ــ \m \v 5 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟\x + \xo 2:5 \xt مىك. 6‏:3، 4\x* \m \v 6 ئۇلار ھېچقاچان: «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل-دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟ \v 7 مەن سىلەرنى مېۋىسى ھەم مولچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنمەن؛ سىلەر كېلىپ زېمىنىمنى بۇلغىدىڭلار، مېنىڭ مىراسىمنى يىرگىنچلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «مېنىڭ مىراسىم»\+bd* ــ بۇ سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، مەنىسى: (1) خۇدا «بۇلار ئالاھىدە مېنىڭكى» دېگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) «مىراس قىلىپ بەرگىنىمنى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خۇدا ئىسرائىلغا «سىلەرنىڭ مىراسىڭلار بولسۇن» دەپ تاپشۇرغان زېمىننى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن بۇ سۆز شۇ زېمىننى ۋە شۇنداقلا، بەلكىم، شۇ زېمىندىكى خەلقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 كاھىنلار: «پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ ھېچ سوراپ قويمىدى؛ تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى مېنى ھېچ تونۇمىدى؛ خەلق پادىچىلىرى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ پەيغەمبەرلەر بولسا بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ پايدىسىز بىمەنە نەرسىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى»\+bd* ــ تەۋراتنى خەلققە ئۆگىتىشكە مەسئۇل بولغان كاھىنلارنى («يەر.» 18:18، «قان.» 10:33) ياكى تەۋراتنى كۆچۈرۈشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارنى («يەر.» 8:8) كۆرسىتىدۇ. \+bd «خەلق پادىچىلىرى»\+bd* ــ (يەنى «باقارمەنلىرى» ياكى «باققۇچىلار») ئىبرانىي تىلىدا «قويچىلار»، «پادىچىلار»، «چۇپانلار» دېيىلىدۇ. ئادەتتە بۇ سۆز چوپان-قويچىلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «خەلق باققۇچىلىرى» ئىسرائىلنىڭ يېتەكچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى»\+bd* ــ «بائال» دېگەن پەلەستىندىكىلەرنىڭ يىرگىنچلىك بىر بۇتى ئىدى.\f*  \x + \xo 2:8 \xt رىم. 2‏:20\x* \v 9 شۇڭا سىلەر بىلەن دەۋالاشماقچىمەن، بالىلىرىڭلار ھەم بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دەۋالىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \v 10 ــ سىلەر سىپرۇستىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۆتۈپ بېقىڭلار، كېدارغا تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ بېقىڭلار ــ مۇشۇنداق بىر ئىش زادى بولۇپ باققانمۇ-يوق دەپ كۆرۈپ بېقىڭلار ــ \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «سىپرۇس»\+bd* ــ سىپرۇس ئارىلى (ئىبرانىي تىلىدا «كىتتىم») بولسا پەلەستىننىڭ يىراق غەربىدە؛ كېدار بولسا پەلەستىننىڭ يىراق شەرقىدە ئىدى ــ دېمەك، شەرقتىن غەربكىچە بولغان يەرلەردىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان.\f* \v 11 قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز-بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان.\x + \xo 2:11 \xt زەب. 106‏:20\x* \m \v 12 بۇنىڭغا ئەجەبلىنىڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ھاڭ-تاڭ بولۇڭلار! ساراسىمىگە چۈشۈڭلار! چۆچۈڭلار! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \x + \xo 2:12 \xt قان. 32‏:1؛ يەش. 1‏:2\x* \v 13 ــ چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ئىككى رەزىل ئىشنى قىلدى؛ ئۇلار ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى؛ ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ئازگاللىرىنى، يەنى سۇ تۇرمايدىغان يېرىق سۇ ئازگاللىرىنى يونۇپ چىقتى.\x + \xo 2:13 \xt كۈي. 4‏:15؛ يەر. 17‏:13\x* \b \m \s1 ئىسرائىل خۇداغا ئەمەس، يات ئىلاھلارغا ۋە يات ئەللەرگە تايىنىدۇ \m \v 14 ئىسرائىل ئەسلى قۇلمىدى؟ ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇلمىدى؟ نېمىشقا ئەمدى ئۇ ئولجىغا ئايلىنىپ قالدى؟ \v 15 ياش شىرلار ئۇنى ئولجا قىلىپ ھۆركىرىدى؛ ئۇلار ئاۋازىنى قويۇۋەتتى؛ ئۇلار \add ئىسرائىل\add* زېمىنىنى ۋەيرانە قىلدى؛ شەھەرلىرى كۆيدۈرۈلدى، ئادەمزاتسىز قالدى. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ياش شىرلار...ھۆركىرىدى»\+bd* ــ شىرلار ئولجىسىنى تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن ھۆركىرەيدۇ. مۇشۇ ئايەتتىكى «شىرلار» بەلكىم ئاسۇرىيە، ئاندىن بابىلنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:15 \xt يەش. 5‏:29؛ يەر. 4‏:7\x* \v 16 ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى»\+bd* ــ مىسىردىكى شەھەرلەردۇر. يەھۇدا كۆپ قېتىم مىسىردىن ياردەم سورىغانىدى. مىسىر قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەكسىچە ئىسرائىلغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ كەلگەنىدى. نوف كېيىن «مەمفىس» دەپ ئاتالغان. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...شەھىرىدىكىلەرمۇ باش چوققاڭنى (رەسۋا قىلىش ئۈچۈن) غىردىۋەتتى».\f* \m \v 17 بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ساڭا يول باشلاۋاتقىنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكەنىدىڭ. \m \v 18 ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ \add ئەفرات\add* دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن... ئەفرات دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن....»\+bd* ــ «شىھور (مىسىردىكى بىر دەريا ياكى ۋادى)نىڭ سۇلىرىنى ئىچىش» ھەمدە «ئەفرات (ئاسۇرىيەدىكى دەريا)نىڭ... سۇلىرىنى ئىچىش» ئىسرائىل مىسىردىن ۋە ئاسۇرىيەدىن پاناھ ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:18 \xt يەش. 31‏:1\x* \m \v 19 ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\x + \xo 2:19 \xt يەش. 3‏:9؛ ھوش. 5‏:5\x* \m \v 20 چۈنكى سەن قەدىمدىنلا مەن ساڭا سالغان بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنسەن؛ سەن: «قۇللۇقۇڭدا بولمايمەن!» دېدىڭ. چۈنكى بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن.\f □ \fr 2:20 \ft \+bd «بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن»\+bd* ــ ئىسرائىل مۇشۇ يەرلەردە (دۆڭ-ئېگىزلىكتە ... يېشىل دەرەخ ئاستىدا...) بۇتپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ مۇنداق بۇتپەرەسلىكى خۇداغا ۋاپاسىزلىق بولۇپ روھىي جەھەتتە پاھىشىۋازلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلار پەلەستىندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى دوراپ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا «ئاتالغان»، بۇتخانىدا تۇرغان پاھىشە ئاياللار بىلەن ياتاتتى.\f* \m \v 21 لېكىن مەن بولسام سېنى ئەسلى ئېسىل سورتلۇق ئۈزۈم تېلىدىن، سەرخىل ئۇرۇقتىن تىككەنىدىم؛ سەن ماڭا نىسبەتەن قانداقمۇ يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ \f □ \fr 2:21 \ft \+bd «يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلى»\+bd* ــ «يات ۋە ياۋا» ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 2:21 \xt مىس. 15‏:17؛ زەب. 44‏:2؛ 80‏:8\x* \v 22 چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\x + \xo 2:22 \xt ئايۇپ 9‏:30\x* \m \v 23 سەن قانداقمۇ: «مەن ھېچ بۇلغانغان ئەمەسمەن، مەن «بائاللار»غا ھېچ ئەگەشمىدىم!» دېيەلەيسەن؟ جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل ــ سەن ئۆز يوللىرىدا ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرىدىغان چاققاق ھىڭگاندۇرسەن! \f □ \fr 2:23 \ft \+bd «جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل»\+bd* ــ «جىلغىدا ماڭغان يولۇڭ...» بەلكىم كۆپ قىسىم يەھۇدادىكىلەر يېرۇسالېمغا يېقىن بولغان «ھىننوم جىلغىسى»دا ئۆز بالىلىرىنى بۇتلارغا ئاتاپ «ئىنسان قۇربانلىقى» قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىلنى ھىڭگانغا ئوخشىتىشى بەلكىم ئۇنىڭ ھېچقانداق مۇقىم يۆلۈنۈشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.\f* \v 24 سەن چۆل-باياۋانغا ئادەتلەنگەن، ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن! كۈيلىگەندە كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنى ئىزدىگەن ھاڭگىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئۇپراتمايدۇ؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىزدەپ تاپماق ئاساندۇر. \f □ \fr 2:24 \ft \+bd «... ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن!»\+bd* ــ بۇ ئوخشىتىش شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنىڭ بۇتلارغا بولغان بۇزۇق ھەۋەسلىرىنى، ئۇنى بۇتپەرەسلىكتىن توسۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 25 \add ئى ئىسرائىل\add*، \add بىكار يۈگۈرۈپ\add*، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا: «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات \add ئىلاھلارنى\add* ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ.\f □ \fr 2:25 \ft \+bd «پۇتۇڭنى ئاياغسىزلىقتىن... گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم ئىككى بىسلىق: ــ (1) بۇتلارنىڭ يولىدا يۈگۈرۈپ مېڭىش بەرىبىر بىكار ئىشتۇر ــ بۇتلار ئادەملەرگە ياردەمدە بولالمايدۇ؛ (2) ئەگەر ئىسرائىل بۇتپەرەسلىكى بىلەن خۇداغا ۋاپاسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلار ئاخىر بېرىپ ئاياغسىز، چاڭقاپ سۈرگۈن بولغانلار بولىدۇ. \+bd «ياق! خام خىيال قىلما!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياق! ئۈمىد يوق!».\f* \m \v 26 ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ \v 27 ئۇلار ياغاچ كۆتىكىگە: «ئاتام!» ۋە تاشقا: «سەن مېنى تۇغدۇردۇڭ!» دەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يۈزىنى ماڭا قاراتماي، ئەكسىچە ماڭا ئارقىسىنى قىلدى؛ لېكىن كۈلپەت بېشىغا چۈشكەندە ئۇلار: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بىزنى قۇتقۇزغايسەن!» دەيدۇ. \v 28 ئەمدى ئۆزۈڭگە ياسىغان ئىلاھلىرىڭ قېنى!؟ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشكەندە سېنى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن! ــ چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بۇتلىرىڭمۇ شۇنچە كۆپتۇر، ئى يەھۇدا!\x + \xo 2:28 \xt يەش. 2‏:8؛ يەر. 11‏:13\x* \m \v 29 نېمىشقا سىلەر مەن بىلەن دەۋاغا چۈشمەكچىسىلەر؟ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 30 بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى.\x + \xo 2:30 \xt يەش. 1‏:5؛ يەر. 5‏:3\x* \m \v 31 ئى بۇ دەۋر كىشىلىرى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! مەن ئىسرائىلغا چۆل-باياۋان ياكى قاپقاراڭغۇلۇق باسقان زېمىن بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭ خەلقىم نېمىشقا: «نەگىلا بارساق ئۆز ئەركىمىز؛ ئەمدى يېنىڭغا يەنە كەلمەيمىز!» ــ دەيدۇ؟\x + \xo 2:31 \xt مات. 23‏:26-39\x* \m \v 32 قىز زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ توي قىلىدىغان قىز توي كىيىملىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ لېكىن ئۆز خەلقىم سان-ساناقسىز كۈنلىرىدە مېنى ئۇنتۇدى.\x + \xo 2:32 \xt يەر. 3‏:21\x* \m \v 33 سەن ئىشق ئىزدەپ بارىدىغان يوللارغا شۇنچە ماھىر بولۇپ كەتتىڭ! بەرھەق، ھەتتا ئەڭ بۇزۇق ئاياللارغا يوللىرىڭنى كۆرسەتتىڭ. \v 34 ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ، \f □ \fr 2:34 \ft \+bd «سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟!»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئوغرى كەچتە ئۆيگە بۆسۈپ كىرگەن بولسا ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلسە ئۆي ئىگىسى گۇناھسىز ھېسابلىنىدۇ.\f* \v 35 سەن تېخى: «مەندە گۇناھ يوق؛ \add رەب\add* مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن: «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» ــ دەۋېرىسەن. \m \v 36 سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟ سەن ئاسۇرىيە تەرىپىدىن يەرگە قارىتىلغاندەك مىسىر تەرىپىدىنمۇ يەرگە قارىتىلىسەن. \f □ \fr 2:36 \ft \+bd «سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟»\+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىل ھەردائىم خۇدانى ئەمەس، بەلكى يات ئەللەرنى ئۆز يۆلەنچۈكى قىلماقچى.\f* \v 37 بەرھەق، سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن يۆلەنچۈك قىلغانلارنى چەتكە قاقتى؛ سەن ئۇلاردىن ھېچ پايدا كۆرمەيسەن.\f □ \fr 2:37 \ft \+bd «سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن»\+bd* ــ دېمەك، ئەسىر بولغان پېتى.\f* \b \b \m \c 3 \s1 ۋاپاسىزلىق ئۈستىگە ۋاپاسىزلىق \m \v 1 شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «...بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟»\+bd* ــ «قان.» 1:24-4-ئايەتلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەگەر پەيغەمبەر مەزكۇر بېشارەتتە بۇ ئىشنى كۆزدە تۇتقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ 3-بابنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە قارىغاندا، خۇدا مۇشۇنداق ئىشلارنى (ئاجرىشىش ئاندىن قايتا توي قىلىش) يەھۇدىيلارغا مەنئى قىلغىنى بىلەن، مۇشۇ يەردە خۇدا «مېنىڭ ئايالىم بولغان ئىسرائىل»نىڭ ئۆز يېنىمغا قايتىپ كېلىدىغان يولى بار، دېگەن ئوخشايدۇ (14-22-ئايەتلەردە، ئاخىرقى زامانلاردا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق چەكسىز رەھىم-شەپقەتنى ئىسرائىل ھەم يەھۇداغا كۆرسىتىدۇ، دېيىلىدۇ). \fp \+bd «لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لېكىن سەن كۆپ ئاشنىلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان بولساڭمۇ، يېنىمغا قايتىپ كەل!». خۇدا تۆۋەندىكى 4- ۋە 22-25-ئايەتلەردە ئۇلارنى قايتىشقا چاقىرىشقا مۇشۇنداق رەھىملىك بىلەن ئۆتۈنىدۇ، بىراق 3-بابنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە قارىغاندا، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى مۇشۇ يەردە تەرجىمىمىزدىكىدەك «رېتورىك سوئال» دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 3:1 \xt قان. 24‏:1-4\x* \m \v 2 بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ \m سەن زادى نەدە يات ئىلاھلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزمىگەنسەن؟! \m ــ سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك ئۇلارنى يوللار بويى كۈتۈپ ئولتۇرغانسەن؛ زېمىننى بۇزۇقلۇقلىرىڭ ۋە رەزىللىكىڭ بىلەن بۇلغىغانسەن. \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق»\+bd* ــ يەھۇدا ھەردائىم «يۇقىرى جايلار»دا بۇتپەرەسلىك ئۆتكۆزگەنىدى. \+bd «سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك...»\+bd* ــ «ئەرەب» مۇشۇ يەردە بەلكىم يول بويىدا ئولتۇرغان پاھىشە ئايالنى كۆسىتىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ سۆز يولۇچىلارنى بۇلاش ئۈچۈن ماراپ تۇرغان قاراقچىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ.\f* \v 3 شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر. \f □ \fr 3:3 \ft \+bd «كېيىنكى يامغۇر»\+bd* ــ قانائاندا 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ.\f* \v 4 ھەتتا سەن باياتىن ماڭا: «ئى ئاتام، ياشلىقىمدىن باشلاپ ماڭا يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ!» ــ دەيسەن، ۋە: ــ \m \v 5 «ئۇ ھەردائىم غەزىپىنى ساقلامدۇ؟ ئۇ غەزىپىنى ئاخىرغىچە تۇتامدۇ؟» ــ دەيسەن. مانا، سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، لېكىن سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە رەزىللىك قىلغانسەن. \m \v 6 يوسىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ماڭا: «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ بارلىق ئېگىز تاغقا چىقىپ ھەم بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەرلەردە پاھىشىدەك بۇزۇقلۇق قىلغان» ــ دېدى.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «ئىسرائىل» شىمالىي پادىشاھلىق، يەنى «ئون قەبىلە»نى كۆرسىتىدۇ. «بۇزۇقلۇق» ئاساسەن بۇتپەرەسلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ 20:2دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:6 \xt يەر. 2‏:20\x* \m \v 7 ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛ \v 8 لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى. \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ،...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى مەن كۆردۈم،...» دېيىلىدۇ.\f* \v 9 شۇنداق بولدىكى، ئۆز بۇزۇقچىلىقىنى شۇنچە كىچىك ئىش دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھەتتا ياغاچ ۋە تاش بىلەن زىنا قىلىپ زېمىننى بۇلغىۋەتتى. \v 10 بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 11 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ۋاپاسىز ئىسرائىل ئۆزىنى ئاسىي يەھۇدادىن ھەققانىي كۆرسەتتى. \v 12 بارغىن، شىمالغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېگىن: ــ \m «قايتىپ كەل، ئى يولدىن چىققۇچى ئىسرائىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن ساڭا قاپىقىمنى قايتا تۈرمەيمەن؛ چۈنكى مەن رەھىمدىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ مەن غەزىپىمنى مەڭگۈگە ساقلاپ تۇرمايمەن. \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «شىمالغا قاراپ... مۇنداق دېگىن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم ئاسۇرىيە تەرىپىدىن 100 يىل ئىلگىرى سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىل (ئون قەبىلىسى)غا ئېيتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:12 \xt زەب. 86‏:15؛ 103‏:8، 9؛ 145‏:18\x* \v 13 پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا \add مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن\add* ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 14 قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ \add سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا\add* مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چۈنكى مەن سىلەرگە ئەردۇرمەن».\f* \v 15 مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ.\x + \xo 3:15 \xt يەر. 23‏:4؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ ئ‍ەف. 4‏:11\x* \m \v 16 شۇنداق بولىدۇكى، شۇ كۈنلەردە سىلەر زېمىندا كۆپىيىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغىنىڭلاردا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى!» دەپ يەنە تىلغا ئالمايسىلەر؛ ئۇ ھېچ ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ھېچ ئەسلىمەيسىلەر ۋە ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر؛ سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «(سىلەر) ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۇنى ئىزدەپ تاۋاپ قىلمايدۇ». \+bd «سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قايتىدىن شۇنداق قىلمايدۇ». دېمىسەكمۇ «ئەھدە ساندۇقى» ئىبادەتخانا تۈزۈمىنىڭ مەركىزى بولغاچقا، بۇ ئايەت بەلكىم ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭغا باغلىق تۈزۈمنىڭ (قۇربانلىقلار، كاھىنلار، نۇرغۇن قائىدە-يوسۇنلار) يېڭى بىر ئەھدە بىلەن ئىناۋەتسىز قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 31:31-34 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 17 شۇ تاپتا ئۇلار يېرۇسالېمنى «پەرۋەردىگارنىڭ تەختى» دەپ ئاتايدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا يىغىلىدۇ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، يېرۇسالېمغا يىغىلىدۇ؛ ئۇلار قەلبىدىكى رەزىل جاھىللىقىغا قايتىدىن ھېچ ئەگىشىپ ماڭمايدۇ. \v 18 شۇ كۈنلەردە يەھۇدا جەمەتى ئىسرائىل جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ؛ ئۇلار شىمال زېمىنىدىن بىللە چىقىپ مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلغان زېمىنغا كېلىدۇ. \m \v 19 مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم.\f □ \fr 3:19 \ft \+bd «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ،..ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!»\+bd* ــ پەرۋەردىگار مۇشۇ ئايەتتە ئىسرائىلغا ئۆزىگە سادىق بولغان ئايالىنىڭ سۈپىتىدە سۆزلەيدۇ.\f* \m \v 20 لېكىن بەرھەق، ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆز جۆرىسىدىن ئايرىلغاندەك، سىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 21 يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان. \m \v 22 ــ قايتىپ كېلىڭلار، ئەي يولدىن چىققۇچى بالىلار؛ مەن سىلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا شىپا بولىمەن. \m ــ «مانا، بىز يېنىڭغا بارىمىز؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ دەڭلار! \m \v 23 ــ بەرھەق، ئېگىزلىكلەردە ھەم تاغلاردا ئاڭلىتىلغان \add بۇتپەرەسلىكنىڭ\add* قىيقاس-سۈرەنلىرى بىھۇدە ئىشتۇر! بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ قۇتقۇزۇش-نىجاتى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىنلادۇر. \f □ \fr 3:23 \ft \+bd «بۇتپەرەسلىكنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرى»\+bd* ــ «بۇتپەرەسلىك» ئەينى تېكىستتە يوق، بىراق بىزنىڭچە ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇتپەرەسلىكتە بۇتلاردىن «ياردەم سوراش» ئۈچۈن قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرۈش كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 3:23 \xt زەب. 121‏:1\x* \v 24 لېكىن ياشلىقىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كالا-قوي پادىلىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى ئاشۇ ئۇيات-نومۇس يەپ كەتكەن؛ \f □ \fr 3:24 \ft \+bd «ئاشۇ ئۇيات-نومۇس»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە «بائال» دېگەن ئىنتايىن يىرگىنچلىك مەبۇدنى كۆرسىتىدۇ. 11-باب، 13-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 نەتىجىدە بىز ئۇيات-خىجىللىق ئىچىدە ياتتۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك بىزنى قاپلىۋالدى؛ چۈنكى ياشلىقىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەممىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ كەلدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدۇق. \f □ \fr 3:25 \ft \+bd «قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 4 \m \v 1 ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ، \f □ \fr 4:1 \ft \+bd «مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل!»\+bd* ــ بۇ ئىبارە بەلكىم «سەللىمازا توۋا قىل»، «ئىككىلەنمە!»، «ئالا كۆڭۈللۈك بولما!» دېگەن مەنىنى ئىنتايىن تەكىتلەيدۇ. \fp \+bd «ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ،... »\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ئەمدى سەن سەرگەردان بولمايسەن».\f* \v 2 ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ.\x + \xo 4:2 \xt يار. 22‏:18؛ يەش. 48‏:1\x* \m \v 3 چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار! \f □ \fr 4:3 \ft \+bd «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!»\+bd* ــ بۇ سىرلىق ئايەت يەھۇدادىكىلەرنى نادان دېھقانلارغا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىنى ئاختارما يەرگە ئوخشىتىدۇ. «نېمىشقا ھاياتىمىزدىن ھېچقانداق بەخت، مۇۋەپپەقىيەت يوق؟» دەپ سورىسا، «سىلەر ئۇرۇقلىرىنى تىكەنلەر ئارىسىغا تېرىغان دېھقانلارغا ئوخشاش، ھېچ ھوسۇللۇق بولمايسىلەر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە. دېھقانلار ھوسۇل كۆرۈش ئۈچۈن بوز يەرلىرىنى چېپىپ، تىكەنلەرنى يۇلۇپ تاشلىشى كېرەك بولغىنىغا ئوخشاش، يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى قوزغاپ قاتتىق توۋا قىلىشى كېرەك، ئاندىن بەختنىڭ ھوسۇلىنى كۆرىدۇ.\f*  \x + \xo 4:3 \xt ھوش. 10‏:12\x* \v 4 ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «قەلبىڭلاردىكى خەتنىلىكنى ئېلىپ تاشلاڭلار». دېمىسەكمۇ، ئىسرائىللار ئەتلىرىدە سۈننەت قىلىنغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى توۋىسىز قاتتىق ئىدى؛ شۇڭا پەيغەمبەر: «\+bd قەلبىڭلارنى\+bd* سۈننەت قىلىڭلار» دەپ ئاگاھ بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 4:4 \xt قان. 10‏:16؛ 30‏:6؛ يەش. 65‏:5\x* \m \v 5 ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ \m «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار!\f □ \fr 4:5 \ft \+bd ««يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم باشقا پەيغەمبەرلەرگە، ياكى «خەلق پادىچىلىرى» بولغان پادىشاھ، ھۆكۈمدارلار ۋە كاھىنلار قاتارلىقلارغا ئېيتىلىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). دېمەك، ئۇلار ئۆز ئىخلاسسىزلىقى، ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خەلققە شۇنداق جار قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ.\f* \m \v 6 زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن. \v 7 شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ. \x + \xo 4:7 \xt يەش. 5‏:29؛ يەر. 2‏:15؛ 5‏:6\x* \v 8 بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى!\x + \xo 4:8 \xt يەش. 32‏:12\x* \m \v 9 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ. \b \m \v 10 ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم.\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دېگەن سۆزلەر ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىدۇر (14:6، 11:8 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 11 ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «خەلقىمنىڭ قىزى»\+bd* ــ شۇنداقلا «پاك \+bd قىزىم\+bd* بولغان خەلقىم»، «زىئون \+bd قىزى\+bd*» قاتارلىق ئىبارىلەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ياكى باشقا خەلق (مەسىلەن، «مىسىرنىڭ \+bd قىزى\+bd*»، (11:46))قە بولغان مېھرى-شەپقىتىنى، ئۇلارغا باغلىغان مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغان مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 12 ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن. \v 13 مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! \m ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!»\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر!»\+bd* ــ «ئۇ» كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. بىراق ئالدى-كەينى سۆزلەرگە قارىغاندا، «ئۇ» 7-ئايەتتىكى «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» بولغان دۈشمەننى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەر شىمالدىن كېلىدىغان «سكىتلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن سكىتلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى يوق ھەم ئۇلار شەھەرلەرنى «قورشاۋغا ئالغۇچى»لارمۇ (16-ئايەت) ئەمەس؛ شۇڭا بىز بۇ سۆزلەرنى بابىللىقلارنى ۋە بەلكىم ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 14 ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟ \x + \xo 4:14 \xt يەش. 1‏:16\x* \v 15 چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ \v 16 ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ. \v 17 ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 18 سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!». \m \v 19 ــ \add مەن\add*: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى.\x + \xo 4:19 \xt يەش. 21‏:4؛ يەر. 8‏:23\x* \m \v 20 ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى! \f □ \fr 4:20 \ft \+bd «چېدىرىلىم» ... «پەردىلىرىم»...\+bd* ــ يەرەمىيا پەيغەمبەر خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى ئۆزىنىڭكى دەپ ھېس قىلىپ، «خەلقىمنىڭ چېدىرلىرىم» ۋە «خەلقىمنىڭ پەردىلىرى» دېمەي، بەلكى «چېدىرىلىم» ۋە «پەردىلىرىم» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ.\f* \v 21 قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ \add دېدىم\add*. \m \v 22 ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر». \b \m \v 23 ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛ \f □ \fr 4:23 \ft \+bd «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئايەتتىكى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئىشلار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە روھتا كۆرسىتىلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتۇر. بۇ كۆرۈنۈش: (1) ئىسرائىل زېمىنى بابىللىقلارنىڭ تاجاۋۇزلۇقى ئاستىدا بولىدىغان ۋەيرانە ھالىتىنى؛ ۋە (2) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاخىرقى زامانلاردىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەت خۇدا جاھاننى ياراتقىنىدا يەر-زېمىننىڭ ئاۋۋالقى شەكىلسىز، تەرتىپسىز ھالىتىگە ئوخشايدۇ.\f* \v 24 تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى. \v 25 قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. \v 26 مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى. \v 27 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن. \x + \xo 4:27 \xt يەر. 5‏:10،18؛ 30‏:11؛ 46‏:28\x* \v 28 بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛ \v 29 ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. \m \v 30 ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ. \f □ \fr 4:30 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ»\+bd* ــ بەلكىم يەھۇدا يات ئەللەردىن يار-يۆلەك ئىزدىگەندە يالاقچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 31 چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا.\f □ \fr 4:31 \ft \+bd «تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «زىئون» يېرۇسالېم جايلاشقان تاغ بولۇپ، «زىئون» ياكى «زىئون قىزى» دېگەننىڭ ئۆزى يېرۇسالېم ياكى ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \b \m \c 5 \s1 يېرۇسالېم جازاغا لايىق \m \v 1 \add پەرۋەردىگار\add*: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ \add شەھەرنى\add* كەچۈرىمەن! \m \v 2 گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، \add دېدى\add*.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «...بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ شەھەرنى كەچۈرىمەن! (1-ئايەت)...گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، دېدى»\+bd* ــ كېيىن، يەرەمىيا بىرنەچچە شۇنداق ئادىل، سادىق ئادەملەر (مەسىلەن، بارۇق، ئاھىكام، ئەبەد-مەلەك) بىلەن تونۇشقان. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇ مۇشۇنداقلارنى تاپالمىغان.\f* \b \m \s1 يەرەمىيا سۆز قىلىدۇ \m \v 3 ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» \x + \xo 5:3 \xt يەش. 1‏:5؛ 9‏:12؛ يەر. 2‏:30\x* \v 4 ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم. \v 5 ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. \b \m \s1 پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ \m \v 6 ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «ئورماندىن چىققان بىر شىر ...، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ...؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆچمە مەنىدە بولۇپ دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:6 \xt يەر. 4‏:7\x* \v 7 مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. \f □ \fr 5:7 \ft \+bd «مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم روھىي جەھەتتىكى ۋاپاسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى «مېنىڭ ئايالىم» دەپ ئاتايدۇ (10:2، 3-بابنى كۆرۈڭ). 8-ئايەت جىسمانىي جەھەتتىكى زىناخورلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 8 ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ.\x + \xo 5:8 \xt ئ‍ەز. 22‏:11\x* \m \v 9 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟\x + \xo 5:9 \xt يەر. 5‏:29؛ 9‏:9\x* \m \v 10 ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛ \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، .... شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ سېپىللىرىغا يامىشىپ چىقىپ ۋەيرانچىلىق قىلىڭلار، لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋەتمەڭلار؛ ئىستىھكاملىرىنى ئېلىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر».\f*  \x + \xo 5:10 \xt يەر. 4‏:27\x* \m \v 11 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 5:11 \xt يەر. 3‏:20\x* \m \v 12 ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. \v 13 پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن!\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «شامال» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇبھىسىزكى، «پەيغەمبەرلەر» ئۆزلىرىنى «بىزگە خۇدانىڭ روھى تولدۇرۇلغان» دەيدۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنى پەقەت «شامالغا تولدۇرۇلغان» دەيدۇ.\f* \m \v 14 شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.\x + \xo 5:14 \xt يەر. 1‏:9-10\x* \m \v 15 ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ \x + \xo 5:15 \xt قان. 28‏:49؛ يەر. 1‏:15؛ 6‏:22\x* \v 16 ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر. \v 17 ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.\x + \xo 5:17 \xt لاۋ. 26‏:16؛ قان. 28‏:31،33\x* \m \v 18 ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. \x + \xo 5:18 \xt يەر. 4‏:27\x* \v 19 شۇ چاغدا \add خەلقىڭ\add*: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن \add يەرەمىيا\add* ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن.\f □ \fr 5:19 \ft \+bd «يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر»\+bd* ــ «يات بولغانلار» بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆزلەر بولۈپ، ھەم «يات بۇتلار» ھەم «يات ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:19 \xt يەر. 16‏:10\x* \m \v 20 ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى، \v 21 «بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ \x + \xo 5:21 \xt يەش. 6‏:9\x* \v 22 مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.\x + \xo 5:22 \xt ئايۇپ 38‏:10، 11؛ زەب. 33‏:7-8؛ 104‏:9\x* \m \v 23 لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى. \v 24 ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ. \f □ \fr 5:24 \ft \+bd «ئاۋۋالقى يامغۇر»...«كېيىنكى يامغۇر»...\+bd* ــ «ئاۋۋالقى يامغۇر» ئادەتتە 11-ئايدا يېغىپ، تۇپراقنى يۇمشىتىدۇ، يەرنى ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىشقا تەييارلىنىدۇ. «كېيىنكى يامغۇر» بولسا پەلەستىندە 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ. \+bd «بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىزگە ھوسۇل پەسلىدىكى ھەپتىلەرنى ساقلىغۇچى...».\f*  \x + \xo 5:24 \xt قان. 11‏:14\x* \v 25 سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان. \m \v 26 چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ. \v 27 تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى. \v 28 ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ.\f □ \fr 5:28 \ft \+bd «ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا: «ئۇلار خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، ھەتتا يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىغىنى بىلەن ھەرگىز ئۇنى ئادىل سورىمايدۇ».\f*  \x + \xo 5:28 \xt قان. 32‏:15؛ يەش. 1‏:23؛ زەك. 7‏:10\x* \m \v 29 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟\f □ \fr 5:29 \ft \+bd «جازالىماي قويامدىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىمامدىم؟!».\f*  \x + \xo 5:29 \xt يەر. 5‏:9؛ 9‏:9\x* \b \m \v 30 زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ \v 31 پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟ \f □ \fr 5:31 \ft \+bd «كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كاھىنلارمۇ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن (دېمەك، پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغان بېشارەتلىرىدىن پايدىلىنىپ) ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا». لېكىن «يەرەمىيا» دېگەن كىتابتا بۇنداق ئىشلار يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ، شۇڭا تەرجىمىمىز بەلكىم توغرىدۇر.\f*  \x + \xo 5:31 \xt يەر. 14‏:18؛ 23‏:25، 26؛ ئ‍ەز. 13‏:6\x* \b \b \m \c 6 \s1 يېرۇسالېمنىڭ ھالاك بولۇشى توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 1 جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرۇسالېم شەھىرىدىن قېچىڭلار، ئى بىنيامىن جەمەتىدىكىلەر! تەكوئا يېزىسىدا كاناي چېلىڭلار! بەيت-ھاككەرەمدە ئىس سىگنالىنى كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى بالايىئاپەت، يەنى دەھشەتلىك ھالاكەت شىمال تەرەپتىن پەيدا بولىدۇ.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرۇسالېم شەھىرىدىن قېچىڭلار...دەھشەتلىك ھالاكەت شىمال تەرەپتىن پەيدا بولىدۇ»\+bd* ــ 4-باب، 6-ئايەتنىمۇ كۆرۈپ سېلىشتۇرۇڭ. شۇ يەردە خەلققە، «يېرۇسالېمغا قېچىپ كىرىڭلار» دېيىلگەن. بىراق ھازىر يېرۇسالېمنىڭ ئۆزى ھالاك بولىدۇ.\f*  \x + \xo 6:1 \xt يەر. 1‏:13،14\x* \m \v 2 زىئون قىزى، يەنى نازىنىن ساھىبجامالنى، مەن نابۇت قىلىمەن. \v 3 يېرۇسالېمغا قارشى چىقىۋاتقان پادا باققۇچىلارمۇ ئۆز پادىلىرىنى ئېپكېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئېلىپ چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئىگىلىگەن جايدا پادا باقىدۇ.\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «يېرۇسالېمغا قارشى چىقىۋاتقان پادا باققۇچىلارمۇ ئۆز پادىلىرىنى ئېپكېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئېلىپ چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ .. ھەممىسى ئۆزى ئىگىلىگەن جايدا پادا باقىدۇ»\+bd* ــ 4-ئايەتكە قارىغاندا بۇ ئايەتتىكى «پادا باققۇچىلىرى» ۋە ئۇلارنىڭ «پادىلىرى» يات ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى ھەم ھۆكۈمدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولىدۇ؛ چۈنكى يۇقىرىدا (مەسىلەن 8:2دە) يەرەمىيا ئىسرائىلنىڭ باققۇچى بولغان پادىشاھلىرىنى «ئۆز پادىلىرى»نى باقماسلىقى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەيدۇ. بىراق مۇشۇ يەردە خۇدانى تونۇمايدىغان «يات ئەل پادىشاھلىرى» ئۆز «پادىلىرى» بولغان خەلقى ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ ئۇلارنى باقىدۇ.\f* \m \v 4 \add ئۇلار\add*: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ \add دەيدۇ\add*، \add ئاندىن\add*: \f □ \fr 6:4 \ft \+bd «ئۇلار: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! ....» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار» ــ ئەللەرنىڭ «پادا باققۇچى»لىرى.\f* \v 5 «شۇڭا، كېچىچە ھۇجۇم قىلىپ چىقايلى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئوردىلىرىنى يوقىتايلى!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «(ئۇلار): «... تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ دەيدۇ (4-ئايەت)، ئاندىن: شۇڭا، كېچىچە ھۇجۇم قىلىپ چىقايلى... » ــ دەيدۇ»\+bd* ــ 4- ھەم 5-ئايەتتىكى بېشارەت شۇنى تەكىتلىمەكچىكى، دۈشمەنلەر كەلگەندە بۈگۈنى بولمىسا ئەتىسى ھۇجۇم قىلىدۇ، يەھۇدا ئۈستىدىن غەلىبە قىلماي كەتمەيدۇ؛ يەنە كېلىپ، ئۇلار ھۇجۇمنى باشلىغاندا، يەھۇدادىكىلەر دۈشمەننى كېچە-كۈندۈز ھۇجۇم قىلىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ھېچ دەم ئالالمايدۇ.\f* \m \v 6 ــ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۇلار بىلەن يېرۇسالېم ئەتراپىدا دۆڭ-پوتەيلەرنى ياساڭلار؛ چۈنكى ئۇ جازالانمىسا بولمايدىغان شەھەردۇر؛ ئۇنىڭدا بارلىق ئىشلار زۇلۇم-زومىگەرلىكتۇر. \v 7 قۇدۇق ئۆز سۇلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارغاندەك، ئۇمۇ رەزىللىكلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقتا؛ ئۇنىڭدىن زۇلمەت-زوراۋانلىق ۋە ھالاكەت سادالىرى ئاڭلانماقتا؛ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ھەمىشە ئاغرىق-كېسەللەر ھەم يارىلانغانلار پەيدا بولماقتا. \f □ \fr 6:7 \ft \+bd «قۇدۇق ئۆز سۇلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارغاندەك، ئۇمۇ رەزىللىكلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقتا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «قۇدۇق ئېقىن سۇنى ساقلىغاندەك، ئۇ رەزىللىكلىرىنى ساقلىماقتا».\f* \v 8 ئى يېرۇسالېم، تەلىم-تەربىيە قوبۇل قىل؛ بولمىسا جېنىم سەندىن ۋاز كېچىدۇ، ــ بولمىسا، مەن سېنى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بىر زېمىن قىلىۋېتىمەن. \m \v 9 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار ئۈزۈم تېلىنى پاساڭدىغۇچىلاردەك ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پاساڭدايدۇ؛ شۇڭا سەن ئۈزۈم ئۈزگۈچىدەك ئۈزۈم تېلىدىكى شاخلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قولۇڭنى ئۆتكۈزگىن!\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «ئۇلار ئۈزۈم تېلىنى پاساڭدىغۇچىلاردەك ئىسرائىلنىڭ قالدىسنى پاساڭدايدۇ؛ شۇڭا سەن ئۈزۈم ئۈزگۈچىدەك ئۈزۈم تېلىدىكى شاخلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قولۇڭنى ئۆتكۈزگىن!»\+bd* ــ بۇ سىرلىق جۈملىنىڭ مەنىسى بەلكىم، يەرەمىيا پەيغەمبەر خۇدانىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، كېلىدىغان دۈشمەنلەرنىڭ ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۇلاڭ-تالاڭلىرىدىن \+bd ئىلگىرى\+bd* ئىسرائىلنىڭ «قالدىسى»دىن تېخى بەزى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشىمۇ مۇمكىن، دېگەنلىك.\f*  \x + \xo 6:9 \xt يەش. 24‏:13\x* \m \v 10 \add مەن\add*: ــ مەن ھازىر كىمگە سۆز قىلىپ ئاگاھلاندۇراي؟ ئۇلاردىن ئاڭلىغۇدەك زادى كىم بار؟ مانا، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى سۈننەت قىلىنمىغان، ئۇلار ھېچ ئاڭلىيالمايدۇ. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ھېچ خۇشياقمايدۇ، ــ \add دېدىم\add*.\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «مەن: ــ مەن ھازىر كىمگە سۆز قىلىپ ئاگاھلاندۇراي؟... ئۇلارغا ھېچ خۇشياقمايدۇ، ــ دېدىم»\+bd* ــ «مەن» (سۆزلىگۈچى) ۋە «دېدىم» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدىكى تېكىستتە يوق، ئوقۇرمەنلەرگە تېكىستنى چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ كىرگۈزدۇق. چۈنكى بىزنىڭچە ئېيتىلغان گەپ پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭكى ئىدى.\f*  \x + \xo 6:10 \xt يەر. 7‏:26\x* \m \v 11 ــ قەلبىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى؛ ئۇنى ئىچىمگە سىغدۇرۇشتىن ھالسىراپ كەتتىم؛ ئۇنى كوچىدىكى بالىلار، يىگىتلەرنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا تۆككەيسەن. ئەر-ئاياللار، قېرىلار ھەم ياشانغانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمىسۇن!\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «قەلبىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۆزى توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە قاراتقان غەزىپىگە ئۆزىنى بىر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن غەزىپىنى ئۇلارغا تۆكۈشنى تىلەيدۇ.\f* \m \v 12 ــ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ئاياللىرى بىلەن بىللە ئۆزگىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى مەن قولۇمنى زېمىندىكىلەرگە سوزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 6:12 \xt قان. 28‏:30\x* \m \v 13 ــ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ \x + \xo 6:13 \xt يەش. 56‏:11؛ يەر. 8‏:10\x* \v 14 ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! \x + \xo 6:14 \xt يەر. 8‏:11؛ ئ‍ەز. 13‏:10\x* \v 15 ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 6:15 \ft \+bd «جازالاشقا كەلگىنىمدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىغىنىمدا» دېيىلىدۇ. «يەرەمىيا»دىكى «(يېنىغا) كېلىپ... جازالاش» دېگەن سۆز ئادەتتە ئىبرانىي تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 16 شۇڭا پەرۋەردىگار \add ئۆز خەلقىگە\add* مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر تۆت ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىسىلەر؛ شۇڭا يولۇڭلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭلار، قەدىمكى، ياخشىلىققا ئېلىپ بارغان يوللارنى سوراپ، ئۇلاردا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا جېنىڭلار ئوبدان ئارام تاپىدۇ. لېكىن ئۇلار: «بىز شۇلاردا ماڭمايمىز!» ــ دەيدۇ.\x + \xo 6:16 \xt مات. 11‏:29\x* \m \v 17 مەن: سىلەرگە «كاناينىڭ ئاگاھ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەيدىغان ئاگاھ بەرگۈچى كۆزەتچىلەرنى تىكلىدىم؛ لېكىن سىلەر: «قۇلاق سالمايمىز» دېدىڭلار. \m \v 18 شۇڭا ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار؛ گۇۋاھچىلار بولۇپ ئۇلار ئارىسىدا بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ قويۇڭلار! \f □ \fr 6:18 \ft \+bd «شۇڭا ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار»\+bd* ــ «ئەللەر»، يەھۇدىي ئەمەس ئەللەر. «گۇۋاھچىلار بولۇپ...» باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي، جامائەت(چىلىك)،...».\f* \v 19 ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان. \m \v 20 ــ ئەمدى زادى نېمە مەقسەتتە شېبادىن چىققان خۇشبۇي، يىراق يۇرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېگىر ماڭا سۇنۇلىدۇ؟ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار قوبۇل قىلارلىق ئەمەس، سىلەرنىڭ «تەشەككۈر قۇرنانلىق»لىرىڭلار مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ.\x + \xo 6:20 \xt يەش. 1‏:11؛ 66‏:3؛ ئام. 5‏:21؛ مىك. 6‏:6-8\x* \m \v 21 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلق ئالدىغا پۇتلىكاشاڭلارنى سالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەم ئاتىلار ھەم ئوغۇللار بىللە پۇتلىشىدۇ؛ قوشنىلار ۋە دوستلار ئوخشاشلا نابۇت بولىدۇ. \v 22 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قارا، شىمالىي زېمىندىن بىر خەلق كېلىدۇ، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەرىلىرىدىن ئۇلۇغ بىر ئەل قوزغىلىدۇ؛ \x + \xo 6:22 \xt يەر. 50‏:41،42،43\x* \v 23 ئۇلار ئوقيا ۋە قىلىچ بىلەن قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار زالىم، ھېچ رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاۋازى دېڭىز دولقۇنىدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار ئاتلارغا مىنىدۇ، جەڭگىۋار ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، ئى زىئون قىزى! \m \v 24 «بىز ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىدۇق؛ قولىمىز بوشىشىپ كەتتى؛ غەشلىك، تولغاقتا قالغان ئايالدەك ئازاب بىزنى تۇتتى» ــ \add دېدىم\add*.\x + \xo 6:24 \xt يەر. 4‏:31؛ 49‏:24؛ 50‏:43\x* \m \v 25 «دالاغا چىقماڭلار، يوللار بىلەن ماڭماڭلار، چۈنكى دۈشمەننىڭ قىلىچى بار، تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ. \v 26 ئى خەلقىمنىڭ قىزى، سەن ئۆزۈڭگە بۆز كىيىم كىيىۋال، كۈللەر ئىچىدە ئېغىناپ يات؛ ئۆزۈڭنىڭ بىر تال ئوغلۇڭدىن جۇدا بولغاندەك قاتتىق يىغلاپ ماتەم تۇت؛ چۈنكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى بىزگە قاراپ تۇيۇقسىز كېلىدۇ».\f □ \fr 6:26 \ft \+bd «ئۆزۈڭگە بۆز كىيىم كىيىۋال...»\+bd* ــ بۆز كىيىم كىيىش، كۈللەر ئىچىدە ئولتۇرۇش ياكى يېتىش قاتتىق ماتەم تۇتۇشنى ياكى توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 6:26 \xt يەر. 4‏:8\x* \m \v 27 \add پەرۋەردىگار ماڭا\add*: ــ مەن سېنى رودا سىنىغۇچى قىلىپ تىكلىدىم، خەلقىم بولسا خۇددى تەكشۈرۈلىدىغان رودىدەك بولىدۇ؛ سېنى ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ سىناشقا تىكلىدىم، ــ \add دېدى\add*. \m \v 28 ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاسىينىڭ ئاسىيسى، ئۇلار تۆھمەت چاپلاپ ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئۆزىدۇر، ھەممىسى چىرىپ كەتكەندۇر؛ \f □ \fr 6:28 \ft \+bd «ئۇلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئۆزىدۇر»\+bd* ــ بەلكىم خەلقنىڭ تاش كۆڭۈللۈكلىكىنى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ «چىرىپ كەتكەنلىقى»نىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ئۇلار تاۋلىغۇچى ئىزدىگەن ئالتۇن-كۈمۈش ئەمەس.\f*  \x + \xo 6:28 \xt ئ‍ەز. 22‏:18\x* \v 29 تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىمۇ كۆيۈپ كەتتى، قوغۇشۇن بولسا ئوتتا يەم بولدى؛ رودىنى ئېرىتىپ تاۋلاش بىكار بولدى؛ خەلقىم يامانلاردىن خالىي بولمىدى. \f □ \fr 6:29 \ft \+bd «تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىمۇ كۆيۈپ كەتتى، قوغۇشۇن بولسا ئوتتا يەم بولدى؛ رودىنى ئېرىتىپ تاۋلاش بىكار بولدى؛ خەلقىم يامانلاردىن خالىي بولمىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى سۆزلەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزىگە تاپىلىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا بەرگەن جاۋابى بولسا كېرەك (28-ئايەتنى كۆرۈڭ). كۈمۈشنى تاۋلىغاندا، تاۋلىغۇچى قوشقان قوغۇشۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ داشقىلى بىرلىشىدۇ ئاندىن قوغۇشۇن ۋە كۈمۈشنىڭ داشقىلىنىڭ كۆيۈپ تۈگىشى بىلەن كۈمۈش تاۋلىنىدۇ. لېكىن ئىسرائىل ئىنتايىن ناچار كۈمۈشتەك بولۇپ، خەلقنىڭ «داشقال»ى تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، تاۋلاش جەريانى بىكارغا كەتتى. «قوغۇشۇن ئىشلىتىلىپ تۈگەپ بولدى»، ھەتتا «كۈمۈشچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەيدىغان كۆرۈكى»مۇ كۆيۈپ كەتتى.\f* \v 30 ئۇلار «داشقال كۈمۈش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدى.\x + \xo 6:30 \xt يەش. 1‏:22\x* \b \b \m \c 7 \s1 بىھۇدە دىنىي مۇراسىملار \m \v 1 پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ \m \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن. \v 3 ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن. \x + \xo 7:3 \xt يەر. 7‏:3؛ 18‏:11؛ 26‏:13\x* \v 4 «پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار. \f □ \fr 7:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىرخىل «تىلتۇمار»دەك، «خۇدا بىزگە ئۆز ئىبادەتخانىسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، نېمە يامانلىق قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ھېچكىم بىزگە تەگمەيدۇ» ــ دېگەندەك ئويلىغانىدى.\f* \v 5 ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار، \x + \xo 7:5 \xt يەر. 5‏:28\x* \v 6 ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ \x + \xo 7:6 \xt يەش. 10‏:1، 2؛ 59‏:7\x* \v 7 شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن. \m \v 8 لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر. \v 9 ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «بائالغا ئىسرىق يېقىپ...»\+bd* ــ «بائال» دېگەن ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىرخىل بۇت.\f* \v 10 ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟! \v 11 مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 7:11 \xt مات. 21‏:13؛ مار. 11‏:17؛ لۇقا 19‏:46\x* \m \v 12 شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار! \f □ \fr 7:12 \ft \+bd «مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، ... ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار!»\+bd* ــ ئىسرائىل قانائانغا (پەلەستىنگە) كىرگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياسالغان «مۇقەددەس چېدىر» ئاۋۋال شىلوھ دېگەن جايغا تىكلەنگەن. «1شام.» 4-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:12 \xt 1سام. 4‏:11؛ زەب. 78‏:60\x* \v 13 ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ \f □ \fr 7:13 \ft \+bd «مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم»\+bd* ــ خۇدانىڭ «تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،... » دېگەن سۆزلىرى بەلكىم ئۇنىڭ ئىشتىن خېلى ئاۋۋال، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ قايتا-قايتا، ئىزچىل ھالدا مەلۇم بىر ئىشنى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:13 \xt 2تار. 36‏:15؛ پەند. 1‏:24؛ يەش. 65‏:12؛ 66‏:4؛ يەر. 7‏:21-28\x* \v 14 ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛ \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن»\+bd* ــ خۇدا دۈشمەنلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن شىلوھ دېگەن جايدىكى مۇقەددەس چېدىرىنى ئۆز شان-شەرىپىدىن جۇدا قىلغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىلنى مەغلۇپ قىلغان («1سام.» 4-باب، «زەب.»، 40:78نى كۆرۈڭ).\f* \v 15 مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن. \m \v 16 ئەمدى سەن، \add يەرەمىيا\add*، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ \add گۇناھلىرىنى\add* ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن. \x + \xo 7:16 \xt مىس. 32‏:10؛ يەر. 11‏:14؛ 14‏:11\x* \v 17 ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟ \v 18 بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ. \f □ \fr 7:18 \ft \+bd «ئاسماننىڭ خانىشى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «ئاسماننىڭ خانىشى» بىرخىل ئايال بۇت ئىدى.\f*  \x + \xo 7:18 \xt يەش. 65‏:11؛ يەر. 8‏:2؛ 19‏:13؛ 44‏:19؛ يەر. 44‏:19\x* \v 19 ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟ \v 20 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. \m \v 21 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار! \f □ \fr 7:21 \ft \+bd «بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار!»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم بىلىدۇكى، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لارنىڭ بارلىق گۆشلىرى «خۇداغا پۈتۈنلەي ئىبادەت سۈپىتىدە ئاتالسۇن» دەپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلەتتى. مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ يەرەمىيا ئارقىلىق: «قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتسىز، شۇڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لارنىڭ گۆشلىرىنى كۆيدۈرسەڭلارمۇ، يېسەڭلارمۇ، ماڭا بەرىبىر» دەپ ئىسرائىلغا ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 7:21 \xt يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21\x* \v 22 چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛ \v 23 بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم. \x + \xo 7:23 \xt مىس. 19‏:5؛ لاۋ. 26‏:12؛ قان. 6‏:3\x* \v 24 لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان. \f □ \fr 7:24 \ft \+bd «ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ماڭا يۈز ئالدىنى قىلماي، بەلكى ماڭا كەينىنى قىلغان».\f*  \x + \xo 7:24 \xt يەر. 2‏:27؛ 3‏:17؛ 16‏:12؛ 32‏:33\x* \v 25 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم. \v 26 لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. \x + \xo 7:26 \xt نەھ. 9‏:17،29؛ يەر. 17‏:23؛ 19‏:15\x* \v 27 سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى \add توۋا قىلىشقا\add* چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ. \m \v 28 ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى.\x + \xo 7:28 \xt يەر. 5‏:1-3\x* \b \m \s1 خۇدا يەنە يەھۇداغا سۆز قىلىدۇ \m \v 29 چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. \x + \xo 7:29 \xt ئايۇپ 1‏:20؛ يەش. 15‏:2؛ يەر. 16‏:6\x* \v 30 چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ \v 31 ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر. \f □ \fr 7:31 \ft \+bd «توفەت»\+bd* ــ «توفەت» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئوچاق» ھەم «ئۇيات» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە «تۈكۈرۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەر «ھىننومنىڭ ئوغلى (ئىبن-ھىننوم)نىڭ جىلغىسى»غا جايلاشقان، يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئىدى. خەلق ئاشۇ يەردە ئەخلەتلەرنى ۋە ناپاك نەرسىلەرنى تاشلاپ كۆيدۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنتايىن «ھارام»، ئەڭ بۇلغانغان جاي دەپ ھېسابلاندى. \fp «يۇقىرى جايلار» ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا ئۇزۇندىن بېرى تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەرخىل بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەتتا ئاشۇ جايلاردا «ئىنسان قۇربانلىق»لارنى قىلىپ كەلگەن. دېمىسەكمۇ، «ئىنسان قۇربانلىقى» قىلىش تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان. «بۇنداق بىر ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ھېچ ئويۇمغا كىرىپ باقمىغاندۇر».\f*  \x + \xo 7:31 \xt 2پاد. 23‏:10؛ يەر. 2‏:23؛ 19‏:5، 6\x* \v 32 شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ. \v 33 بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. \x + \xo 7:33 \xt قان. 28‏:26؛ يەر. 34‏:20\x* \v 34 مەن يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم شەھەرلىرىدىن ئويۇن-تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ چۈنكى زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ.\x + \xo 7:34 \xt يەش. 24‏:7؛ يەر. 16‏:9؛ 25‏:10؛ ئ‍ەز. 26‏:13؛ ھوش. 2‏:13\x* \b \b \m \c 8 \m \v 1 شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، كاھىنلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆرلىرىدىن ئېلىپ چىقىرىدۇ؛ \v 2 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق جىسىملار ئاستىدا يايىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنى سۆيگەن، بۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، بۇلارغا ئەگەشكەن، بۇلارنى ئىزدىگەن، بۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر يەرگە ھېچ يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار زېمىن يۈزىدە ئوغۇت بولۇپ ياتىدۇ. \x + \xo 8:2 \xt يەر. 7‏:18؛ 19‏:13\x* \v 3 مەن بۇلاردىن قالغانلىرىنى ھەيدىگەن جايلاردا، بۇ رەزىل جەمەتتىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھاياتنىڭ ئورنىغا ماماتنى تاللايدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \b \m \s1 خۇدادىن ۋاز كېچىش ھالاكەتنى ئىزدىگەنلىك بىلەن باراۋەر \m \v 4 ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: \m ــ ئادەملەر يىقىلسا قايتىدىن تۇرمامدۇ؟ بىرسى يولدىن چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەمدۇ؟ \v 5 نېمىشقا يېرۇسالېمدىكى بۇ خەلق ھەمىشە يولدىن چىقىش بىلەنلا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ئالدامچىلىقنى چىڭ تۇتىدۇ، يېنىمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلىدۇ. \v 6 مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ. \v 7 ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ. \x + \xo 8:7 \xt يەر. 5‏:4، 5\x* \v 8 سىلەر قانداقمۇ: «بىز دانادۇرمىز، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى بىزدە باردۇر!» دەيسىلەر؟ مانا، بەرھەق، ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان. \f □ \fr 8:8 \ft \+bd «ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان»\+bd* ــ «ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەر»نىڭ رولى بەلكىم تەۋرات-قانۇننى كۆچۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا شەرھ بېرىش بولۇشى مۇمكىن. «باسمىخانىلار» بولمىغاچقا تەۋراتنى كۆچۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت، ئەلۋەتتە. \fp ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f* \v 9 دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟ \v 10 شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقىلارغا، ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ساختا ئىش كۆرىدۇ. \x + \xo 8:10 \xt يەش. 56‏:11؛ يەر. 6‏:12،13،14،15\x* \v 11 ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! \v 12 ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 13 مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۈزۈم تېلىدا ئۈزۈملەر، ئەنجۈر دەرىخىدە ئەنجۈرلەر ھېچ قالمىدى؛ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «...مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 8:13 \xt يەش. 5‏:1-7؛ مات. 21‏:19؛ لۇقا 13‏:6-9\x* \b \m \s1 كېلىدىغان ھالاكەت ــ يەرەمىيا سۆز قىلىدۇ \m \v 14 «بىز نېمىشقا مۇشۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇۋېرىمىز؟ يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە \add كۈرەش قىلىپ\add* تۈگىشەيلى! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ، بىزگە ئۆت سۈيىنى بەردى؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. \f □ \fr 8:14 \ft \+bd «يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە كۈرەش قىلىپ تۈگىشەيلى»\+bd* ــ ياكى «يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە سۈكۈت قىلايلى!» ئىبرانىي تىلىدا «سۈكۈت قىلىش» ۋە «تۈگەشمەك» ئوخشاش بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ،...»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى سۈكۈت قىلدۇرۇپ...». ئىبرانىي تىلىدا «سۈكۈت قىلىش» ۋە «ئۆلۈش، تۈگەش» بىرلا سۆز (دامام) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 8:14 \xt يەر. 4‏:5؛ 9‏:15؛ 23‏:15\x* \v 15 ئامان-تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ كەلدۇق، لېكىن ھېچ ياخشىلىق بولمىدى؛ شىپا ۋاقتىنى كۈتتۇق، لېكىن مانا، ۋەھىمە باستى! \x + \xo 8:15 \xt يەر. 14‏:19\x* \v 16 دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!».\f □ \fr 8:16 \ft \+bd «دان زېمىنى»\+bd* ــ ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شىمالىي چېتىدە ئىدى؛ دېمەك، دۈشمەنلەر ئاللىقاچان شۇ زېمىنغا يېتىپ بولدى.\f*  \x + \xo 8:16 \xt يەر. 4‏:15\x* \m \v 17 ــ مانا، مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 8:17 \ft \+bd «مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ»\+bd* ــ بۇ يىلانلار شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە بولۇپ دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 8:17 \xt زەب. 58‏:4، 5\x* \b \m \s1 پەيغەمبەرنىڭ نالە-پەريادى \m \v 18 \add مەن\add*: «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!» ــ \add دېدىم\add*. \f □ \fr 8:18 \ft \+bd «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر پەيغەمبەرنىڭ مەرسىيەسى بولۇشى كېرەك. \fp \+bd «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى دەرد-ئەلىمىمگە تەسەللى بەرگۇچى!».\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ مەرسىيە سۆزلىرى \m \v 19 «مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! \add ئۇلار\add* ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ \add دەيدۇ\add*. \m نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!» \f □ \fr 8:19 \ft \+bd ««مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! ئۇلار ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر پەرۋەردىگارنىڭكى بولۇشى كېرەك؛ بولمىسا پەيغەمبەرنىڭكى بولىدۇ. ئاندىن بىز خەلقنىڭ پەريادىنى ئاڭلايمىز: ــ (ئۇلار... دەيدۇ). \fp \+bd «ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى!»\+bd* ــ ياكى «زېمىندىكى ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن چىككان پەريادىنىڭ ساداسى!». \+bd «نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرگە، شۇنداقلا ئىخلاسسىز خەلققە بەرگەن جاۋابىدۇر.\f* \b \m \s1 خەلقنىڭ بولىدىغان نالە-پەريادى \m \v 20 ــ «ئورما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياز تۈگىدى، لېكىن بىز بولساق يەنىلا قۇتقۇزۇلمىدۇق!» \b \m \s1 پەيغەمبەرنىڭ مەرسىيەسى \m \v 21 «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ \m دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى، ــ \f □ \fr 8:21 \ft \+bd «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە قايتىدىن تەكرارلاپ ئۇقتۇرىمىزكى، ماۋزۇلارنى (مەسىلەن مۇشۇ يەردە «پەيغەمبەرنىڭ مەرسىيەسى») ئۆزىمىز ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرگە ياردىمى بولسۇن دەپ قوشۇپ كىرگۈزدۇق. ئۇلار مۇقەددەس تېكىستنىڭ بىر قىسمى ئەمەس. \fp \fp 8-بابتىكى 21-ئايەتتىن 9-بابتىكى 2-ئايەتكىچە ھەممىسى يالغۇز يەرەمىيا پەرغەمبەرنىڭ مەرسىيەسىمۇ، ياكى بۇنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بارمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، سۆزلەر يالغۇز پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بولسۇن، بولمىسۇن، شۇبھىسىزكى پەيغەمبەرنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىك سۆزلىرى ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭمۇ قايغۇ-ھەسرەتلىك سۆزلىدۇر.\f* \m \v 22 گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟ \m ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمىكەن؟ \m نېمىشقا ئەمدى مېنىڭ خەلقىمنىڭ قىزىغا داۋا تېپىلمايدۇ؟!».\f □ \fr 8:22 \ft \+bd «گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟»\+bd* ــ گىلېئاد رايونىدا ھەرخىل شىپالىق دورىلار ھەم ئۇستا تېۋىپلارنىڭ داڭقى بار ئىدى. بۇ سۆز: «جىسمانىي جەھەتتە پەرۋەردىگار سىلەر مېنىڭ خەلقىمگە شۇنداق رەھىمدىللىق قىلىپ، ئەتراپلىق ئويلاپ، شىپالىق دورىلارنى ۋە داڭلىق تېۋىپلارنى تەمىنلىگەن يەردە، ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىمۇ سىلەرنىڭ ھەرخىل گۇناھىي كېسەللىرىڭلارنى ساقايتىشقا دورا-ئاماللىرى مول ئەمەسمۇ؟ ــ ئەمدى نېمىشقا سىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلمەيسىلەر؟!» دەپ سورىغان ئوخشايدۇ. \fp بۇ 22-ئايەت سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز سۆزلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن.\f*  \x + \xo 8:22 \xt يار. 37‏:25؛ يەر. 46‏:11؛ 51‏:8\x* \b \b \m \c 9 \s1 داۋامى \m \v 1 ئاھ، مېنىڭ بېشىم سۇنىڭ بېشى، \m كۆزۈم ياشنىڭ بۇلىقى بولسىئىدى! \m ئۇنداقتا خەلقىمنىڭ قىزى ئارىسىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يىغلايتتىم!\x + \xo 9:1 \xt يەش. 22‏:4؛ يەر. 4‏:19\x* \m \v 2 ئاھ، مەن ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا يولۇچىلار چۈشكىدەك بىر تۇرالغۇ بولسىئىدى! \m ئۇنداقتا خەلقىمنى تاشلاپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان بولاتتىم! \m چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار، \m مۇناپىقلارنىڭ بىر جامائىتىدۇر!»\f □ \fr 9:2 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار،...»\+bd* ــ «زىناخورلار» بەلكىم روھىي جەھەتتىن ئېيتىلىدۇ، ئۇلار خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ بۇتلارغا چوقۇنۇپ كەتتى.\f*  \x + \xo 9:2 \xt يەر. 5‏:7، 8\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى \m \v 3 ــ ئۇلار ئوقياچى لەشكەرلەر ئوقيايىنى ئېگىلدۈرگەندەك تىلىنى يالغانچىلىققا ئېگىلدۈرۈشكە تەييارلىغان؛ ئۇلار زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازانغان، بىراق بۇ سەمىمىيلىك بىلەن بولغان ئەمەس؛ ئۇلار رەزىللىك ئۈستىگە رەزىللىك قىلغان، مېنى ھېچ تونۇپ بىلمىگەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 9:3 \ft \+bd «ئۇلار زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازانغان، بىراق بۇ سەمىمىيلىك بىلەن بولغان ئەمەس...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇ زېمىندا ئۇلار غەلىبە قىلغان، بىراق بۇ ھەقىقەتنى تىكلەش ئۈچۈن ئەمەس...».\f*  \x + \xo 9:3 \xt يەش. 59‏:4،13،15؛ يەر. 6‏:7\x* \v 4 ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلاردىن ھېزى بولۇڭلار، قېرىنداشلىرىڭلارغا ھېچ تايانماڭلار؛ چۈنكى ھەربىر قېرىنداش پەقەتلا ئالدىغۇچى، خالاس، ھەربىر يېقىنلىرىڭ بولسا تۆھمەتخورلۇقتا يۈرمەكتە. \x + \xo 9:4 \xt يەر. 6‏:28\x* \v 5 ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنلىرىغا ئالدامچىلىق قىلماقتا، ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆز تىلىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ، ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ. \v 6 ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 9:6 \ft \+bd «ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ (5-ئايەت)»\+bd* ــ 5-ئايەتنىڭ ئاخىرقى قىسمى ھەم 6-ئايەتنىڭ باش قىسمىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قەبىھلىك قىلىپ توۋانى ھېچ بىلمەيدۇ. (6) سەن (يەرەمىيا) ئالدامچىلىق ئارىسىدا تۇرۇۋاتىسەن؛ ئالدامچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ...».\f* \m \v 7 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاپ سىنايمەن؛ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ رەزىللىكىگە ماڭا باشقا يول قالمىدىمۇ؟ \v 8 ئۇلارنىڭ تىلى ئەجەل ئوقىدۇر؛ ئۇ ئالدامچىلىقنى سۆزلەيدۇ؛ ھەربىر ئېغىز سۆزىدە يېقىنى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن كۆڭلىدە قىلتاق تەييارلايدۇ. \x + \xo 9:8 \xt زەب. 12‏:2-4؛ 28‏:3؛ 120‏:3-4؛ پەند. 30‏:14\x* \v 9 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟\x + \xo 9:9 \xt يەر. 5‏:9،29\x* \b \m \s1 كېلىدىغان ئاپەت ئۈچۈن يەرەمىيا مەرسىيە ئوقۇيدۇ \m \v 10 «تاغلاردىكى يايلاقلار ئۈچۈن يىغا ۋە نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، \m دالادىكى ئوتلاقلار ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيمەن؛ \m چۈنكى ئۇلار كۆيۈپ كەتتىكى، ھېچكىم ئۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ؛ \m كالىلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ؛ \m ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم ھايۋاناتلارمۇ قېچىپ، \m شۇ يەردىن كەتتى!». \b \m \s1 پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋام قىلىدۇ \m \v 11 ــ مەن يېرۇسالېمنى خارابلاشقان توپ-توپ دۆۋە، چىلبۆرىلەرنىڭ بىر تۇرالغۇسى قىلىمەن؛ \m يەھۇدا شەھەرلىرىنى ئادەم تۇرمايدىغان دەرىجىدە ۋايرانە قىلىمەن.\x + \xo 9:11 \xt يەر. 10‏:22\x* \m \v 12 ــ كىم بۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە دانىشمەن بولىدۇ؟ \m كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئېلىپ بۇلارنى چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ \m نېمىشقا زېمىن ۋەيرانە، ھېچكىم ئۆتمىگۈدەك، كۆيۈپ چۆل-باياۋاندەك بولۇپ كەتتى؟ \m \v 13 پەرۋەردىگار دەيدۇ، ــ چۈنكى ئۇلار مەن ئۇلار ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇننى تاشلىۋەتكەن، مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭدا ماڭمىغان، \m \v 14 بەلكى ئۆز قەلبىدىكى جاھىللىققا ئەگەشكەن، ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن،\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «(يەھۇدا خەلقى) ...ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «بائال»لار ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىر خىل بۇتلار ئىدى.\f* \m \v 15 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلققە كەكرىنى يېگۈزىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن، \x + \xo 9:15 \xt يەر. 8‏:14؛ 23‏:15\x* \v 16 ئۇلارنى ئۇلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرى ئىلگىرى ھېچ تونۇمايدىغان ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا قىلىچنى ئەۋەتىمەن.\x + \xo 9:16 \xt لاۋ. 26‏:33\x* \m \v 17 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭۈل قويۇڭلار، ماتەمچى ئاياللارنى كېلىشكە چاقىرىڭلار، يىغلاشقا ئەڭ ئۇستا بولغان قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭلار!\f □ \fr 9:17 \ft \+bd «كۆڭۈل قويۇڭلار، ماتەمچى ئاياللارنى كېلىشكە چاقىرىڭلار، يىغلاشقا ئەڭ ئۇستا بولغان قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭلار!»\+bd* ــ كونا زامانلاردا بەزى باي ئادەملەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى دەپنە قىلىشتا مۇشۇنداق «يىغلاشقا ماھىر» ئاياللارنى «كەيپىياتنى يارىتىش» ئۈچۈن ياللايتتى (مەسىلەن، ئىنجىل، «مات.» 37:9نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ \m \v 18 ــ بەرھەق، ئۇلار تېز كەلسۇن، بىز ئۈچۈن زور يىغا كۆتۈرسۇنكى، بىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىنمۇ ياشلار تاراملاپ تۆكۈلسۇن، چاناقلىرىمىزدىنمۇ ياش تامچىلىرى ئاقسۇن ــ \v 19 چۈنكى زىئوندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ: ــ «بىز قانچىلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق! قانچىلىك شەرمەندە بولدۇق! ئۇلار تۇرالغۇلىرىمىزنى ئۆرۈۋەتتى، بىز زېمىنىمىزنى تاشلىدۇق!» ــ دېيىلىدۇ. \m \v 20 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئاياللار، \m ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭلار؛ \m قىزىڭلارغا يىغلاشنى ئۆگىتىڭلار، \m ھەربىرىڭلار يېقىنىڭلارغا مەرسىيە ئوقۇتۇڭلار؛ \m \v 21 چۈنكى ئۆلۈم بولسا دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ كىرگەن، \m ئوردا-ئىستىھكاملىرىمىزغىمۇ كىرگەن؛ \m ئۇ بالىلارنى كوچىلاردىن، \m يىگىتلەرنى رەستە-مەيدانلاردىن يۇلۇپ تاشلىغان. \m \v 22 \add يېقىنلىرىڭلارغا\add* ئۇقتۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m بەرھەق، جەسەتلەر دالادا تېزەكتەك يىقىلىدۇ؛ \m ئۇلار ئورمىچىنىڭ ئورغىقىنىڭ ئاستىغا يىقىلغان، \m لېكىن ھېچكىم يىغمايدىغان باشاقتەك يەرگە چېچىلىدۇ!» ــ دەڭلار!\x + \xo 9:22 \xt يەر. 7‏:33\x* \b \m \v 23 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m دانا كىشى دانالىقى بىلەن، كۈچلۈك كىشى كۈچلۈكلىكى بىلەن، باي بايلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ماختانمىسۇن؛ \x + \xo 9:23 \xt 1كور. 1‏:31؛ 2كور. 10‏:17\x* \v 24 پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا شۇنىڭدىن، يەنى مېنى، يەر يۈزىدە مېھىر-مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگۈچى مەن پەرۋەردىگارنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ماختانسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ خۇرسەنلىكىم دەل مۇشۇ ئىشلاردىندۇر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 25 مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەتنە قىلمىغانلارنى خەتنە قىلىنغانلار بىلەن بىللە جازالايمەن؛ \v 26 يەنى مىسىر، يەھۇدا، ئېدوم، ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار، جۈملىدىن چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان، چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەتنىسىزدۇر؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جەمەتىمۇ كۆڭلىدە خەتنىسىزدۇر.\f □ \fr 9:26 \ft \+bd «... بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەتنىسىزدۇر؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جەمەتىمۇ كۆڭلىدە خەتنىسىزدۇر»\+bd* ــ بۇ 25- ۋە 26-ئايەتلەر يەھۇدا (ئىسرائىل)غا ئىنتايىن ئېغىر كېلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئۆزلىرى كەمىسىتىدىغان خەتنە قىلىنمىغان «يات ئەللەر» قاتارىدا «خەتنە قىلىنمىغان»دەك ھېسابلايدۇ. خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا يەھۇدا خەتنىسىز، يەنى ئۇ ئىبراھىم خەتنە ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدىگە لايىق ئەمەس بولۇپ قالدى. «كۆڭلى خەتنىسىز» ــ «كۆڭلى بۇ رەزىل دۇنيادىكى رەزىل ئاززۇ-ھەۋەسلىرىدىن كېسىلگەن ئەمەس، خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتى ئۈچۈن رەزىللىكتىن ئايرىلغان ئەمەس» دېگەن مەنىدە. «ئەزاكىيال»غا قوشۇلغان «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى ۋە ئىنجىل، «رىم.» 2-باب، «فىل.» 3:3، «كول.» 11:2نى كۆرۈڭ). \fp يەنە كېلىپ خەتنە «كۆڭلىدە ئەمەس» بولسا، «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىش» (بەلكىم بۇتپەرەسلەرنىڭ ماتىمىنىڭ بىر ئىپادىسى)تىن ھېچقانداق پەرقى ياكى ئەھمىيىتى يوقتۇر.\f*  \x + \xo 9:26 \xt لاۋ. 26‏:41؛ رىم. 2‏:28،29\x* \b \b \m \c 10 \s1 بۇتلار ئەمەس، پەرۋەردىگارلا ئىبادەتكە لايىقتۇر \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ \v 2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. \f □ \fr 10:2 \ft \+bd «ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار»\+bd* ــ يات ئەللەر بۇنداق «ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەر»نى خۇراپىيلىق، يەنى مۇنەججىملىك يولىدا چۈشىنەتتى، ئەلۋەتتە.\f* \v 3 چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. \x + \xo 10:3 \xt يەش. 44‏:14-17\x* \v 4 ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. \x + \xo 10:4 \xt يەش. 41‏:7\x* \v 5 بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. \x + \xo 10:5 \xt زەب. 115‏:4-7؛ يەش. 41‏:23؛ 46‏:1، 7\x* \v 6 ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. \x + \xo 10:6 \xt زەب. 86‏:8،10\x* \v 7 كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. \x + \xo 10:7 \xt ۋەھ. 15‏:4\x* \v 8 \add ئەللەرنىڭ\add* ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ \f □ \fr 10:8 \ft \+bd «ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ »\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 10:8 \xt يەش. 41‏:29؛ ھاب. 2‏:18؛ زەك. 10‏:2\x* \v 9 سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر! \m \v 10 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. \v 11 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!».\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئارامىي تىلىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئېنىقكى، خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى يات ئەللەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا بىلدۈرۈشى كېرەك.\f* \m \v 12 \add پەرۋەردىگار بولسا\add* يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، \m ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، \m ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر. \x + \xo 10:12 \xt يار. 1‏:1؛ ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 44‏:24؛ 51‏:13؛ يەر. 51‏:15\x* \m \v 13 ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ \m ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ \m ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، \m ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.\x + \xo 10:13 \xt زەب. 135‏:7؛ يەر. 51‏:16\x* \m \v 14 مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ \m زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر.\x + \xo 10:14 \xt يەر. 51‏:17،18\x* \m \v 15 ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ \m جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. \m \v 16 ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر، \m چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ \m ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛ \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.\f □ \fr 10:16 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى»\+bd* ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى» خۇدانىڭ ئۆزىدۇر، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 10:16 \xt زەب. 74‏:2؛ يەر. 51‏:19\x* \b \m \s1 يەرەمىيا خەلقى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ \m \v 17 زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ \f □ \fr 10:17 \ft \+bd «مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز»\+bd* ــ «قىز» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، پۈتۈن خەلقنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 18 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!».\x + \xo 10:18 \xt يەر. 6‏:24\x* \b \m \s1 يەرەمىيا خەلقىگە ۋەكىل سۈپىتىدە سۆز قىلىدۇ \m \v 19 جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. \f □ \fr 10:19 \ft \+bd «پەقەت بىر كېسەللىك»\+bd* ــ بەلكىم خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەر «پەقەت ۋاقتىلىق ئاۋارە، خالاس» دېگەن ھېسسىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇنداق ھېسسىياتنى كۆپ قوللايتتى.\f* \v 20 مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. \v 21 چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. \f □ \fr 10:21 \ft \+bd «خەلق پادىچىلىرى»\+bd* ــ (يەنى «پادا باققۇچىلىرى») شۈبھىسىزكى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، ۋەزىرلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 22 ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! \x + \xo 10:22 \xt يەر. 1‏:14؛ 4‏:6؛ 9‏:11\x* \v 23 بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ \x + \xo 10:23 \xt پەند. 16‏:1؛ 20‏:24\x* \v 24 پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. \x + \xo 10:24 \xt زەب. 6‏:1؛ 38‏:1؛ يەر. 30‏:11؛ 46‏:28\x* \v 25 قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان.\x + \xo 10:25 \xt زەب. 79‏:6؛ يەر. 8‏:16؛ 9‏:16\x* \b \b \m \c 11 \s1 خەلقنىڭ خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى \m \v 1 يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز مۇنداق ئىدى: \v 2 ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار؛ شۇنداقلا يەھۇدا كىشىلىرىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئۇلارنى يەتكۈزۈڭلار، \f □ \fr 11:2 \ft \+bd «بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار»\+bd* ــ بۇ بېشارەت (1:11-17)نىڭ ئاساس تېمىسى (يۇقىرىقى ماۋزۇيىمىزدەك) ــ «خەلقنىڭ خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى». بېشارەت بەلكىم يوسىيا پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدا ئىبادەتخانىدىن تېپىلغان «تەۋرات-قانۇننىڭ بىر قىسمى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ تەۋراتنىڭ قىسمى بەلكىم «قانۇن شەرھى» ئىدى، كىتاب خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى تەكرارلايدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. «2پاد.» 22-23-بابلارنى، «2تار.»، -35-34بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 3 ــ سەن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق ئېيتقىن: ــ \m ــ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە كىم بويسۇنمىسا ئۇ لەنەتتە قالىدۇ؛ \x + \xo 11:3 \xt قان. 27‏:26؛ گال. 3‏:10\x* \v 4 مەن بۇ ئەھدىنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى تۆمۈر تاۋلايدىغان خۇمداندىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئۇلارغا تاپىلاپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، بۇ سۆزلەرگە، يەنى مەن سىلەرگە تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن؛ \x + \xo 11:4 \xt لاۋ. 26‏:3،12؛ قان. 4‏:20\x* \v 5 شۇنداق بولغىنىدا مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا: «سىلەرگە سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئىچكەن قەسەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دېگەنىدىم. سىلەر بۈگۈنكى كۈندە دەل شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتىسىلەر! \m مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم.\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «ئامىن» دېگەن سۆز «شۇنداق بولسۇن!» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ يەردە يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىغان بارلىق كىشىلەرنى (3-ئايەتتە) لەنەتكە قالدۇرىدىغانلىقىغا قوشۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 11:5 \xt قان. 7‏:12\x* \m \v 6 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا بۇ سۆزلەرنى جاكارلا: ــ بۇ ئەھدىنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار! \f □ \fr 11:6 \ft \+bd «بۇ ئەھدىنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار!»\+bd* ــ بېشارەت (1:11-17)نىڭ ئاساس تېمىسى توغرىسىدىكى 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 7 چۈنكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە «مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەپ جېكىلەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن؛ مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدىم. \x + \xo 11:7 \xt يەر. 7‏:13،25\x* \v 8 لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىللىققا ئەگىشىپ ماڭغان؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئەھدىدىكى بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈردۈم؛ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا تاپىلىغانمەن، لېكىن ئۇلار ھېچ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان.\x + \xo 11:8 \xt يەر. 3‏:17؛ 7‏:24،26؛ 9‏:14\x* \m \v 9 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر سۇيىقەست بايقالدى؛ \v 10 ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە قايتىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدە بولايلى دەپ باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كەتتى. ئىسرائىل جەمەتى ھەم يەھۇدا جەمەتى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. \m \v 11 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ قۇتۇلالماس ئاپەت چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. \x + \xo 11:11 \xt پەند. 1‏:28؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 14‏:12؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 3‏:4\x* \v 12 ئاندىن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئىسرىق يېقىپ چوقۇنغان بۇتلارنى ئىزدەپ ئۇلارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ لېكىن ئاپەت چۈشكەن ۋاقتىدا ئۇلار بۇلارنى ھېچ قۇتقۇزمايدۇ. \v 13 چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولغانسېرى، بۇتلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولدى، ئى يەھۇدا؛ يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولغانسېرى، سىلەر «يىرگىنچلىك بولغۇچى»غا شۇنچە قۇربانگاھلارنى قۇردۇڭلار، يەنى بائالغا ئىسرىق يېقىش ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى بەرپا قىلدىڭلار.\x + \xo 11:13 \xt يەر. 2‏:28\x* \b \m \v 14 ئەمدى سەن، \add ئى يەرەمىيا\add*، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ پەرياد ياكى تىلاۋەت قىلما؛ چۈنكى ئاپەت بېشىغا چۈشۈشى بىلەن ئۇلار ماڭا نىدا قىلغان ۋاقتىدا مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن.\x + \xo 11:14 \xt يەر. 7‏:16؛ 14‏:11\x* \b \m \v 15 ــ مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىمنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشىغا نېمە ھەققى؟ چۈنكى كۆپىنچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشكە ئورۇنىسىلەر؛ سىلەر رەزىللىكىڭلار ئەمەلگە ئاشقاندا خۇرسەن بولساڭلار، ئۇنداقتا «مۇقەددەس گۆشلەر» مۇشۇ ئاسىيلىقىڭلارنى سىلەردىن ئېلىپ تاشلىيالامدۇ؟ \f □ \fr 11:15 \ft \+bd «مۇقەددەس گۆشلەر»\+bd* ــ قۇربانلىقلاردىكى گۆشلەر، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەر ئايەتنىڭ باشقا كۆپ خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمىمىزدىكىدەك بولىدۇ.\f* \v 16 پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى «ياپيېشىل، مول مېۋىلىك، باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدى؛ لېكىن \add پەرۋەردىگار\add* دەرەخكە شاۋقۇنلايدىغان زور بىر ئوتنى سالىدۇ ۋە شاخلىرى يوق قىلىنىدۇ. \v 17 چۈنكى سېنى تىككەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ساڭا قاراپ كۈلپەت بېكىتىپ جاكارلىغان؛ سەۋەبى، ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ رەزىللىك قىلىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈردى.\x + \xo 11:17 \xt يەر. 2‏:21\x* \b \m \s1 يەرەمىياغا قىلىنىدىغان سۇيىقەستنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ \m \v 18 «پەرۋەردىگار ماڭا خەۋەر يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەندىم؛ ئۇ ماڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئايان قىلدى؛ \v 19 مەن بولسام خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ ماڭغان كۆنۈك پاقلاندەك ئىدىم؛ مەن ئەسلى ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ: «دەرەخنى مېۋىسى بىلەن يوقىتايلى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتا ئەسكە ھېچ كەلتۈرۈلمىسۇن، ئۇنى تىرىكلەر زېمىنىدىن ئۈزۈپ تاشلايلى» دېگەن قەستلىرىنى ھېچ بىلمەيتتىم؛ \v 20 لېكىن سەن، ئى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئادەمنىڭ ۋىجدان-قەلبىنى سىنىغۇچى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان قىساسىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن؛ چۈنكى دەۋايىمنى ساڭىلا ئايان قىلىپ تاپشۇردۇم».\x + \xo 11:20 \xt 1سام. 16‏:7؛ 1تار. 28‏:9؛ زەب. 7‏:9؛ 26‏:2؛ ۋەھ. 2‏:23\x* \b \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار \add ماڭا\add* مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بەرمە، بولمىسا جېنىڭ قولىمىزدا تۈگىشىدۇ» ــ دەپ ساڭا دوق قىلىپ يۈرگەن ئاناتوتتىكى ئادەملەر جېنىڭنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق سۆزۈم بار: ــ \v 22 ــ بۇ ئىشقا قاراپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ مانا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن؛ يىگىتلەر قىلىچ بىلەن ئۆلىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ. \v 23 ئۇلاردىن ھېچبىر قالدىسى قالمايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا، شۇ ئاناتوتتىكى ئادەملەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىمەن. \b \b \m \c 12 \s1 يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا داد ئېيتىشى داۋاملىشىدۇ \m \v 1 مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟ \x + \xo 12:1 \xt ئايۇپ 21‏:7؛ زەب. 73‏:11-13؛ ھاب. 1‏:3\x* \v 2 سەن ئۇلارنى يەر يۈزىگە تىككەنسەن، ئۇلارمۇ يىلتىز تارتقان؛ ئۇلار ئۆسۈپ گۈللىنىدۇ، ئۇلار مېۋىلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن؛ \f □ \fr 12:2 \ft \+bd «سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن»\+bd* ــ «ۋىجدان» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 12:2 \xt يەش. 29‏:13\x* \v 3 لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى بىلىسەن؛ سەن مېنى كۆرۈپ كەلگەنسەن، ئۆزۈڭگە بولغان سادىقلىقىمنى سىنىغانسەن. ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن. \f □ \fr 12:3 \ft \+bd «...ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن»\+bd* ــ يەرەمىيا ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرىنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ نۇرغۇنلىغان جاپا تارتماقتا، لېكىن ئۇلار كەڭ-ئازادە ياشايدىغان ئوخشايدۇ.\f*  \x + \xo 12:3 \xt زەب. 17‏:3؛ 139‏:1؛ يەر. 11‏:20\x* \v 4 زېمىن قاچانغىچە قاغجىرايدۇ، ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەر قاچانغىچە قۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ؟ زېمىندا تۇرۇۋاقانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار قاچانغىچە يوقاپ تۈگەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلق: «\add خۇدا\add* ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ.\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «بۇ خەلق: «(خۇدا) ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «بۇ خەلق: ئۇ ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ دېگەنلىكتىكى «ئۇ»نى بەزى ئالىملار يەرەمىيانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە خەلقنىڭ: «خۇدا ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دېگەن سۆزى، تەۋرات «قان.» 30:32دىكى «مەن (خۇدا) ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنىڭ دەل ئەكسىدۇر، شۇڭا بىز «خۇدا» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f*  \x + \xo 12:4 \xt يەر. 4‏:25؛ 7‏:20؛ 9‏:10\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 5 ــ سەن يۈگۈرگەن لەشكەرلەر بىلەن بەسلەشكەندە، ئۇلار سېنى ھالسىراتقان بولسا، ئەمدى سەن ئاتلار بىلەن بەسلەشسەڭ قانداق بولار؟ سەن پەقەت ئامان-تىنچلىقتا تۇرغان زېمىندىلا خاتىرجەم بولۇپ \add ماڭا\add* ئىشىنىسەن، ئەمدى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قويۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟ \f □ \fr 12:5 \ft \+bd «ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قۇيۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟»\+bd* ــ بۇ يەر شىرلار ياشىغان، ئىنتايىن خەتەرلىك جاي ئىدى (14:49، 44:50نى كۆرۈڭ). خۇدا يەرەمىياغا: «ئىشلىرىڭ تېخىمۇ قىيىن، تېخىمۇ چاتاق، تېخىمۇ مۇشەققەتلىك بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.\f* \v 6 چۈنكى ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىڭ، ئاتاڭنىڭ جەمەتىمۇ ساڭا ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلارمۇ سېنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ئۇلار ساڭا مېھىرلىك سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمە!»\x + \xo 12:6 \xt پەند. 26‏:25\x* \b \m \s1 خۇدا يەرەمىيانىڭ داد كۆتۈرۈشلىرىگە يەنە بىر جاۋاب بېرىدۇ \m \v 7 ــ ئۆزۈم ئائىلەمدىن ۋاز كېچىمەن، مىراسىمنى تاشلىۋېتىمەن، جان-جىگىرىمنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. \v 8 مېنىڭ مىراسىم \add بولغان خەلق\add* بولسا ماڭا ئورمانلىقتىكى بىر شىرگە ئوخشاش بولۇپ قالدى؛ ئۇلار ماڭا قارشى ئاۋازىنى كۆتۈردى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى يامان كۆرىمەن. \v 9 مېنىڭ مىراسىم ماڭا سار-بۈركۈت ياكى چىلبۆرىدەك بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا سار-بۈركۈتلەر ئولاشماقتا! بېرىڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىشكە بارلىق دالادىكى ھايۋانلارنى يىغىپ كېلىڭلار! \f □ \fr 12:9 \ft \+bd «دالىدىكى ھايۋانلار»\+bd* ــ بەلكىم ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغان يات ئەللەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەرمان («بېرىڭلار... يىغىپ كېلىڭلار») بەلكىم پەرىشتىلەرگە ئېيتىلسا كېرەك.\f*  \x + \xo 12:9 \xt يەر. 7‏:33\x* \v 10 نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى ئۈزۈمزارىمنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ نېسىۋەمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ يېقىملىق نېسىۋەمنى غېرىب بىر چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ؛ \f □ \fr 12:10 \ft \+bd «نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى»\+bd* ــ بەلكىم يات ئەللەرنىڭ ئەمىر-پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئىسرائىلنىڭ ئۆزىدىكى «خەلق پادىچىلىرى» (پادىشاھلار، كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر)نىڭ ۋاپاسىزلىقى بىلەن بۇ ئاقىۋەتنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كەلتۈرگەن، شۇڭا «نۇرغۇنلىغان پادا باققۇچىلىرى» ئۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. \fp خۇدا «مېنىڭ ئۈزۈمزارىم»، «مېنىڭ نېسىۋەم» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن، بەلكىم ئۆز خەلقى ئىسرائىلنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. \fp ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتتىن 13-ئايەتكىچە بولغان پېئىللەر «ئۆتكەن زامان»دا ئىپادىلىنىدۇ؛ پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئاللىقاچان يۈزبەرگەندەك»، جەزمەن يۈز بېرىدۇ، دەپ بىلىدۇ.\f*  \x + \xo 12:10 \xt يەر. 6‏:3\x* \v 11 ئۇلار ئۇنى غېرىب قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا غېرىب ھەم قاغجىراق تۇرىدۇ؛ پۈتكۈل زېمىن غېرىب قالىدۇ؛ ئەمما ھېچ ئادەم بۇنىڭغا كۆڭلىنى بۆلمەيدۇ. \v 12 چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. \v 13 \add خەلقىم\add* بۇغداينى تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تېكەنلەرنى ئورىيدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇپراتقىنى بىلەن، پايدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا \add ناچار\add* مەھسۇلاتلىرىڭلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى تۈپەيلىدىن، يەرگە قاراپ قالىسىلەر.\x + \xo 12:13 \xt لاۋ. 26‏:16؛ قان. 28‏:38\x* \m \v 14 مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ۋارىس قىلغان مىراسقا چاڭگال سالغان، زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيمەن: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۇلۇپ ئالىمەن، شۇنىڭدەك يەھۇدا جەمەتىنى ئۇلار ئارىسىدىن يۇلۇۋالىمەن؛ \f □ \fr 12:14 \ft \+bd «زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى»\+bd* ــ قوشنا يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:14 \xt قان. 30‏:3؛ يەر. 32‏:37\x* \v 15 لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنى يۇلۇۋالغاندىن كېيىن مەن بۇ يولدىن يېنىپ، ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن.\f □ \fr 12:15 \ft \+bd «ئۇلارنى ...ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن»\+bd* ــ بۇ خۇدانىڭ بۇ يات ئەللەرنىڭ ھەربىرىگە ئېيتقان سۆزلىرى.\f* \m \v 16 شۇنداق قىلىپ، ئەگەر (ئۇلار ئۆتكەندە خەلقىمگە بائالنىڭ ئىسمىغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەتكەندەك) كۆڭۈل قويۇپ خەلقىمنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنسە، جۈملىدىن مېنىڭ نامىمغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەنسە، ــ ئەمدى ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن \add مۇقىم\add* ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ. \f □ \fr 12:16 \ft \+bd «ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن مۇقىم ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز بولسا «ئۇلار خەلقىم ئارىسىدا قۇرۇلىدۇ». بۇ سۆز كۆپ جەھەتلىك بولۇپ، ئېتىقاد، ئەخلاق، دانالىق، ئىقتىساد ۋە پاراۋانلىق، بولۇپمۇ ھەرخىل روھىي بايلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 17 بىراق ئۇلار ئاڭلىمىسا، مەن شۇ ئەلنى مۇتلەق يۇلۇپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 12:17 \xt يەش. 60‏:12\x* \b \b \m \c 13 \s1 چىرىپ كەتكەن ئىچ تامبالدىن ئالغان ساۋاق \m \v 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما. \v 2 شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم. \m \v 3 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \v 4 «سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي».\f □ \fr 13:4 \ft \+bd «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئەفرات (دەرياسى)غا بېرىپ...». \fp يەرەمىيانىڭ يۇرتى ئاناتوتغا يېقىن «فرات» دېگەن كىچىك بىر يېزا ئىدى. ئەفرات دەرياسى بولسا پەلەستىندىن 550 كىلومېتر يىراق. ئەگەر توغرا تەرجىمىسى «فرات» بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ يەنىلا سۆز ئويۇنى ئارقىلىق «ئەفرات دەرياسى»نى، شۇنىڭدەك ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلغان ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنى، شۇنداقلا كېيىنكى بابىل ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئىمپېرىيەنىڭ ئىسرائىلغا ئاندىن كېيىن يەھۇداغا (ئۇلار شۇ يەرگە سۈرگۈن بولغان ۋاقتىدا) ئېتىقادنى بۇلغايدىغان تەسىرى بولغان. ئاسۇرىيەنىڭ بۇتپەرەسلىكىنىڭ ۋە بابىلنىڭ پۇلپەرەسلىكىنىڭ ئېتىقادنى بۇلغايدىغان تەسىرى بار ئىدى. \fp ئىشنىڭ باشقا بىرخىل شەرھى: ئۇلار ئەسلى پەرۋەردىگارغا «چىڭ مۇناسىۋەتتە باغلىنىش»ى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار بابىلغا باغلانماقچى بولۇپ (ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە) بۇلغىنىپ كەتكەن. لېكىن بىزنىڭچە بۇنداق شەرھى يەرەمىيانىڭ دەۋرىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى.\f* \m \v 5 شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم. \v 6 كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى. \m \v 7 شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى. \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛ \v 10 مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ. \v 11 چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا \add يېقىن\add* بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى.\f □ \fr 13:11 \ft \+bd «خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا يېقىن بىر خەلق بولسۇن ... دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن»\+bd* ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، ئىسرائىل خۇداغا چىڭ باغلانغان بولسا، ھېچ بۇلغانمايتتى (تەمسىلدە پەيغەمبەر ئۆزى خۇداغا ۋەكىل بولىدۇ). لېكىن بۇ زىچ مۇناسىۋەتتىن ئايرىلسا، بەرىبىر يات ئەللەر (مەسىلەن، ئاسۇرىيە، بابىلدەك) تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ. 1-ئايەتتىكى «سۇغا چىلىما» دېگەن سىرلىق بۇيرۇق، بەلكىم بۇ زىچ مۇناسىۋەتنىڭ ھېچ ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 12 ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛ \f □ \fr 13:12 \ft \+bd «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك»\+bd* ــ بەلكىم خەلق ئارىسىدىكى ماقال-تەمسىل بولۇشى مۇمكىن ــ مەنىسى بەلكىم «ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ» ياكى «كۆپرەك كۈتكۈن بولساڭ كۆپرەك ئالىسەن» قاتارلىقلار. \fp ئىبرانىي تىلىدا «ئىدىش» ۋە «ئەخمەق» بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. خەلق پەقەتلا ئۆز كەيپ-ساپسىنى (شاراب بۇنىڭ سىمۋولى بولۇپ) ئىنتىلىپ قوغلىغاندىن كېيىن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەر ئىزدىگىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، سىلەر بىر-بىرىڭلارنى نابۇت قىلىسىلەر» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئوخشايدۇ.\f* \v 13 سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن. \v 14 مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ. \v 15 ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. \v 16 ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار! \x + \xo 13:16 \xt زەب. 44‏:20-21\x* \b \m \s1 يەرەمىيا ئۆز دەرد-ئەلىمىنى خەلققە بىلدۈرىدۇ \m \v 17 بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر.\x + \xo 13:17 \xt يىغ. 1‏:2،16\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋاملىشىدۇ \m \v 18 پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن. \f □ \fr 13:18 \ft \+bd «پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار... تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن»\+bd* ــ پادىشاھ ۋە خانىش بەلكىم يەھوئاكىن ۋە ئانىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مىلادىيەدىن ئىلگىرى 597-يىلى سۈرگۈن بولغان («يەر.» 26:22، 2:29، «2پاد.» 14:24-16نى كۆرۈڭ).\f* \v 19 جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ. \f □ \fr 13:19 \ft \+bd «جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ھېچكىم چىقالمايدۇ، ھېچكىم كىرەلمەيدۇ.\f* \v 20 بېشىڭنى كۆتۈر، \add ئى زىئون\add*، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟ \f □ \fr 13:20 \ft \+bd «بېشىڭنى كۆتۈر، ئى زىئون، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى پېئىللار «ئايالچە رود»تا بولۇپ، بۇ سۆزلەر بەلكىم يېرۇسالېمغا، يەنى ئۇنىڭدا تۇرغان «خۇدانىڭ خەلقى بولغان پادا باققۇچىلىرى»غا ــ پادىشاھقا، كاھىنلارغا ۋە «پەيغەمبەرلەر»گە ئېيتىلىدۇ.\f* \v 21 \add پەرۋەردىگار\add* سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟\f □ \fr 13:21 \ft \+bd «پەرۋەردىگار سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ!»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى («دوستلار»ى) ئاۋۋال ئاسۇرىيە، ئاندىن بابىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلانماقچى بولغان، خالاس (مەسىلەن، «يەشايا» 39-بابنى كۆرۈڭ؛ بابىلنىڭ ئەلچىلىرى يەھۇدانىڭ كۆپ مەلۇماتلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغان).\f* \m \v 22 سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى. \f □ \fr 13:22 \ft \+bd «يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تاپانلىرىڭ زوراۋانلىقتا يارىلاندى» ــ ۋاپاسىز ئايال بەلكىم ئۆز يولدىشى تەرىپىدىن شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 13:22 \xt يەش. 47‏:2، 3؛ يەر. 5‏:19؛ 16‏:10\x* \v 23 ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر! \v 24 ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن. \m \v 25 بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن. \f □ \fr 13:25 \ft \+bd «سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن»\+bd* ــ «يالغانچىلىق» مۇشۇ يەردە بەلكىم بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 26 شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ. \v 27 ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟!\f □ \fr 13:27 \ft \+bd «ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ...»\+bd* ــ بۇ ئايەت شۈبھىسىزىكى، بۇتپەرەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا يىرگىنچلىك زىناخورلۇققا ئوخشاشتۇر. لېكىن ئوقۇرمەنلەرگە شۇ بەلكىم ئايانكى، مۇنداق بۇتپەرەسلىك خۇداغا ۋاپاسىزلىق بولۇپ روھىي جەھەتتە پاھىشىۋازلىق بولۇپلا قالماي، پەلەستىندىكى بۇتپەرەسلىكتە كىشىلەر بۇتلىرىغا «ئاتالغان»، بۇتخانىدا تۇرغان پاھىشە ئاياللارغا پۇل بېرىپ ئۇلار بىلەن ياتاتتى.\f* \b \b \m \c 14 \s1 قۇرغاقچىلىقلار ئۈستىدە بولغان مەرسىيە \m \v 1 يەرەمىياغا چۈشكەن، پەرۋەردىگارنىڭ قۇرغاقچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزى: ــ \b \m \s1 «يەرەمىيانىڭ مەرسىيەسى ۋە دۇئاسى» \m \v 2 يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى زاۋالغا يۈز تۇتماقتا، خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە. \f □ \fr 14:2 \ft \+bd «يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ... خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ 2-9-ئايەتلەر \fp «يەرەمىيانىڭ مەرسىيەسى ۋە دۇئاسى». بىزنىڭچە 1-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «پەرۋەردىگارنىڭ قۇرغاقچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزى» رەسمىي ھالدا 10-ئايەتتە باشلىنىدۇ. \fp بەزى ئالىملار 2-6-ئايەتلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ (بېشارەت بېرىدىغان) سۆزى، 7-9-ئايەتلەرنى يەرەمىيانىڭ دۇئاسى دەپ قارايدۇ. شۈبھىسىزكى، 10-15-ئايەتلەر ئاندىن بەلكىم 16-18-ئايەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى ئىدى.\f* \v 3 مۆتىۋەرلىرى چاپارمەنلىرىنى سۇ ئەكىلىشكە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇلار سۇ ئازگاللىرىغا بارىدۇ، لېكىن ھېچ سۇ تاپالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۈپلىرى قۇرۇق قايتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە قاراپ قالىدۇ، ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. \f □ \fr 14:3 \ft \+bd «ئۇلار ... ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ»\+bd* ــ كونا زامانلاردا بېشىنى يېپىش قاتتىق پۇشيامان قىلىش، قاتتىق ئازابلىنىشنى بىلدۈرەتتى.\f* \v 4 ھېچ يامغۇر بولمىغاچقا يەر يۈزى يېرىلىپ كەتتى؛ يەر ھەيدىگۈچىلەر يەرگە قاراپ بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. \v 5 مارال بولسا دالادا بالا قوزىلايدۇ، ئاندىن قوزىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ چۈنكى ئوت-چۆپ يوق. \v 6 ياۋا ئېشەكلەر ئېگىزلىكلەردە تۇرۇپ چىلبۆرىلەردەك ھاسىراپ كېتىدۇ؛ ئوزۇق ئىزدەپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئوزۇق يوق.\x + \xo 14:6 \xt يەر. 12‏:4\x* \b \m \s1 يەرەمىيانىڭ دۇئاسى \m \v 7 ــ ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرگىنى بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ نامىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلغايسەن! چۈنكى بىزنىڭ يولۇڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن كۆپتۇر؛ بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. \v 8 ئى ئىسرائىلنىڭ ئارزۇسى، كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغۇچى، سەن نېمىشقا بىزگە زېمىنىمىزدىكى مۇساپىردەك، بىر كېچىلا قونماقچى بولغان بىر يولۇچىدەك بولىسەن؟ \v 9 نېمىشقا ھېچ ئامالسىز كىشىدەك، ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىر پالۋانغا ئوخشاش بولىسەن؟ لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئارىمىزدا تۇرىسەن، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز؛ بىزدىن ۋاز كېچىپ كەتمە!\f □ \fr 14:9 \ft \+bd «بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز»\+bd* ــ مەلۇم بىر كىشى باشقا بىرسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولسا ئۇنىڭغا مەنسۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللۇقى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا تۇرىدۇ. «ئىسرائىل» (خۇدا بىلەن بولغان شاھزادە) ۋە «يەھۇدا» (مەدھىيە) دېگەن ئىسىملار خۇدانىڭ ئىككى نامىنى كۆرسەتكەن؛ خۇدا ئۆزى ئىسرائىلنى «مېنىڭ خەلقىم» دەپ ئاتىغانىدى.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى رەسمىي باشلىنىدۇ \m \v 10 پەرۋەردىگار مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار دەرھەقىقەت \add مەندىن\add* تېزىپ، كېزىشكە ئامراقتۇر؛ ئۇلار قەدەملىرىنى \add يامان يولدىن\add* ھېچ تىزگىنلىمەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق خۇرسەنلىكى يوق؛ ئەمدى ھازىر ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. \b \m \s1 يالغان پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشكە بولغان جازا \m \v 11 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ خەلقنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلما ــ دېدى. \x + \xo 14:11 \xt مىس. 32‏:10؛ يەر. 7‏:16؛ 11‏:14\x* \v 12 ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن.\x + \xo 14:12 \xt پەند. 1‏:28؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 6‏:20؛ 7‏:21،22؛ 11‏:11؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 4‏:3\x* \m \v 13 مەن بولسام: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «سىلەر قىلىچنى ھېچ كۆرمەيسىلەر، قەھەتچىلىككىمۇ دۇچ كەلمەيسىلەر؛ چۈنكى مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دەيدۇ، ــ دېدىم. \m \v 14 ئەمدى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن، ۋە ئۇلارغا گەپ قىلغىنىم يوق. ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە. \f □ \fr 14:14 \ft \+bd «ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە»\+bd* ــ «ئەرزىمەس نەرسىلەر» بەلكىم بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 14:14 \xt يەر. 23‏:21؛ 27‏:15؛ 29‏:8، 9\x* \v 15 شۇڭا پەرۋەردىگار: ــ مېنىڭ نامىمدا بېشارەت بېرىۋاتقان، مەن ئەۋەتمىگەن، يەنى: «قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بۇ زېمىنغا ھېچ كەلمەيدۇ» دەيدىغان پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ بۇ پەيغەمبەرلەر قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن يوقىتىلىدۇ؛ \v 16 ئۇلار بېشارەت بەرگەن خەلقنىڭ بولسا، قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، ئاياللىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى كۆمگۈدەك ھېچكىم قالمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا تۆكىمەن. \v 17 سەن ئۇلارغا شۇ سۆزنى ئېيتىسەن: ــ «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز ياش توختىمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم يارىسى بۆسۈلگەندەك قاتتىق بىر زەرب يەپ، ئىنتايىن ئېغىر يارىلاندى»، ــ دەيدۇ.\f □ \fr 14:17 \ft \+bd «مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم»\+bd* ــ «پاك \+bd قىزىم\+bd* بولغان خەلقىم»، ۋە «زىئون \+bd قىزى\+bd*» «خەلقىمنىڭ \+bd قىزى\+bd*» قاتارلىق ئىبارىلەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ياكى باشقا خەلق (مەسىلەن، «مىسىرنىڭ \+bd قىزى\+bd*»، 11:46)قە بولغان مېھرى-شەپقىتىنى، ئۇلارغا باغلىغان مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغان مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 14:17 \xt يەر. 13‏:17؛ يىغ. 1‏:16؛ 2‏:18\x* \b \m \s1 يەرەمىيا دۇئاسىنى داۋام قىلىدۇ \m \v 18 مەن دالاغا چىقسام، مانا قىلىچتىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر؛ شەھەرگە كىرسەم، مانا قەھەتچىلىكتىن سولىشىپ كەتكەنلەر! چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا بىلىمسىز-نادان بولۇپ، ئۇلار زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. \f □ \fr 14:18 \ft \+bd «چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا ... زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى»\+bd* ــ پەيغەمبەرلەر ۋە كاھىنلار سودا بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەتتىكى «سودىسى» ئۇلارنىڭ «خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلاپ ساتىدىغانلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسى ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا چىقىپ كەتتى».\f* \v 19 سەن يەھۇدادىن نېمىشقا ۋاز كەچتىڭ؟ جېنىڭ زىئوندىن زېرىكتىمۇ؟ سەن نېمىشقا بىزنى شۇنچە داۋالىغۇسىز دەرىجىدە ئۇرغانىدىڭ؟ بىز ئارام-تىنچلىقنى كۈتتۇق، لېكىن ھېچ قۇتلۇق كۈنلەر يوقتۇر؛ شىپالىق بىر ۋاقىتنى كۈتتۇق، لېكىن مانا دەككە-دۈككە ئىچىدىدۇرمىز! \x + \xo 14:19 \xt يەر. 8‏:15\x* \v 20 ئى پەرۋەردىگار، رەزىللىكىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىز؛ چۈنكى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. \x + \xo 14:20 \xt زەب. 106‏:6؛ دان. 9‏:8\x* \v 21 ئۆزۈڭ نامىڭ ئۈچۈن \add يېرۇسالېمنى\add* كۆزۈڭگە ئىلماي قويمىغايسەن؛ شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن؛ ئەھدەڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئۇنى بۇزمىغايسەن! \f □ \fr 14:21 \ft \+bd «شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن»\+bd* ــ «شان-شەرەپلىك تەختىڭ» بەلكىم يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 22 ئەللەر چوقۇنىدىغان «ئەرزىمەسلەر» ئارىسىدا يامغۇر ياغدۇرغۇچى بارمىدۇ؟ يېغىننى ئاسمانلار ئۆزلىرىلا بېرەمدۇ؟ \add بۇلارنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى\add* سەن ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! شۇڭا سېنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز؛ چۈنكى سەنلا بۇلارنى قىلغۇچىدۇرسەن.\x + \xo 14:22 \xt زەب. 135‏:7؛ 147‏:8؛ يەش. 30‏:23؛ يەر. 5‏:24؛ 10‏:13\x* \b \b \m \c 15 \m \v 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل \add پەيغەمبەرلەر\add* ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن! \f □ \fr 15:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل (پەيغەمبەرلەر) ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ،...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، مۇسا ۋە سامۇئىل ھەزرەتلەر ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم گۇناھلىرىنى تىلىۋالغان (مەسىلەن، «مىس.» 32-باب، «1سام.» 7-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 15:1 \xt مىس. 32‏:14؛ 1سام. 7‏:9؛ ئ‍ەز. 14‏:14\x* \v 2 ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن. \f □ \fr 15:2 \ft \+bd «ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە... كېتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۆلۈم» بەلكىم ۋابا ئارقىلىق بولغان ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 15:2 \xt زەك. 11‏:9\x* \v 3 چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛ \x + \xo 15:3 \xt لاۋ. 26‏:16؛ يەر. 7‏:33\x* \v 4 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن.\f □ \fr 15:4 \ft \+bd «يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى ...»\+bd* ــ «2پاد.» 21-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:4 \xt قان. 28‏:25\x* \m \v 5 چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟ \x + \xo 15:5 \xt يەش. 51‏:19\x* \v 6 سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن \add ساڭا\add* ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم. \x + \xo 15:6 \xt يەر. 5‏:7\x* \v 7 شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى. \x + \xo 15:7 \xt يەر. 4‏:11\x* \v 8 كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن. \f □ \fr 15:8 \ft \+bd «چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن»\+bd* ــ «چۈش ۋاقتى» بەلكىم دەم ئالىدىغان ۋاقىت، ھۇجۇم قىلىشقا مۇۋاپىق ئىدى.\f* \v 9 يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز \add مەغرىپكە\add* پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 15:9 \xt ئام. 8‏:9\x* \b \m \s1 يەرەمىيا داد-پەرياد كۆتۈرىدۇ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ \m \v 10 ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ!\x + \xo 15:10 \xt ئايۇپ 3؛ يەر. 20‏:14-18\x* \m \v 11 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن.\f □ \fr 15:11 \ft \+bd «بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، بۇ سۆزلەرنى خۇدا يەرەمىياغا، ياكى خەلققە ئېيتقانمۇ؟ خەلققە بولسا، تەرجىمىسى بەلكىم: «مەن ساڭا (ئاخىرىدا) ياخشى بولسۇن دەپ سېنى (زېمىنىڭدىن) نېرى كەتكۈزىمەن (دېمەك، سۈرگۈن قىلىمەن)؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن سېنى دۈشمەن بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن». \fp بىزنىڭچە سۆزلەر يەرەمىياغا ئېيتىلغان؛ 40-باب، 1-5-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 خەلققە بولغان سۆز \m \v 12 تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟ \f □ \fr 15:12 \ft \+bd «شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟»\+bd* ــ شۇ دەۋردە «قارا دېڭىز» بويىدا (شىمالدىن) ئىنتايىن قاتتىق بىرخىل تۆمۈر (ئەمەلىيەتتە، پولات) ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. باشقا بىر تەرجىمىسى: «(سىلەر) تۆمۈر ۋە مىستەك بىر خەلقسىلەر، سىلەر شىمالدىن كەلگەن تۆمۈرنى سۇندۇرالامسىلەر؟».\f*  \x + \xo 15:12 \xt يەر. 6‏:28\x* \v 13 بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ \f □ \fr 15:13 \ft \+bd «بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ »\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «بەلكى ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن».\f*  \x + \xo 15:13 \xt يەر. 17‏:3\x* \v 14 مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ.\f □ \fr 15:14 \ft \+bd «مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «... مەن ئۇلارنى (بايلىقلىرىڭنى) دۈشمەنلىرىڭ بىلەن سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن» ياكى «سىلەرنى ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىندا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن».\f*  \x + \xo 15:14 \xt قان. 32‏:22\x* \b \m \s1 يەرەمىيا يەنە داد ئېيتىدۇ \m \v 15 ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن. \f □ \fr 15:15 \ft \+bd «ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنى يوقلىغايسەن». \+bd «سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن»\+bd* ــ يەرەمىيانىڭ دېمەكچى بولغىنى، خۇدا دۈشمەنلىرىگە سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۆزىنى (يەرەمىيانى) يەنە ئەۋەتىپ، ئۆزى ئارقىلىق ئۇلارغا توۋا قىلىش پۇرسىتى بەرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا، ئەكسىچە، ئۇلار توۋا قىلماي، يەرەمىيانى ئۆلتۈرۈۋېتىش خەۋپ-خەتىرى بار ئىدى.\f*  \x + \xo 15:15 \xt يەر. 11‏:20\x* \v 16 سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا! \v 17 مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى \add ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن\add* قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ. \x + \xo 15:17 \xt زەب. 1‏:1\x* \v 18 مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟\f □ \fr 15:18 \ft \+bd «سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟»\+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتە، چۆل-باياۋاندا بەزى ئېرىقلار توساتتىن يوقاپ كەتكەچكە، «ئالدامچى ئېرىق»لار دەپ ئاتىلىدۇ. شۇلارغا ئىشەنگەن، بويلاپ ماڭىدىغان يولۇچىلار بەلكىم ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 15:18 \xt ئايۇپ 6‏:15-30؛ يەر. 30‏:15\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىياغا بولغان جاۋابى \m \v 19 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك \add سۆزلەر\add* بىلەن ئەرزىمەس \add سۆزلەرنى\add* پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛ \v 20 ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \x + \xo 15:20 \xt يەر. 1‏:18\x* \v 21 ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن. \b \b \m \c 16 \s1 يەرەمىياغا توي قىلماسلىق، ماتەم تۇتماسلىق ۋە بەزمىلەرگە قاتناشماسلىق بۇيرۇلىدۇ \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \v 2 سەن ئايال زاتىنى ئەمرىڭگە ئالمايسەن، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا ئوغۇل-قىز پەرزەنت تاپمايسەن. \v 3 چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ يەردە تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلار، بۇ زېمىندا ئۇلارنى تۇغقان ئانىلار ۋە ئۇلارنى تۇغدۇرغان ئاتىلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ــ \v 4 ئۇلار ئەلەملىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۆلۈكلىرى تېزەكتەك تۇپراق يۈزىدە ياتىدۇ، ئۇلار قىلىچ، قەھەتچىلىك بىلەن يەپ كېتىلىدۇ؛ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئوزۇق بولىدۇ. \x + \xo 16:4 \xt يەر. 7‏:33؛ 9‏:22؛ 14‏:16؛ 15‏:2، 3؛ 25‏:33؛ 34‏:20\x* \v 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن \add يەرەمىيا\add*، ھازا بولۇۋاتقان ھېچبىر ئۆيگە كىرمە، ياكى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈش ياكى ئۆكۈنۈشكە بارما؛ چۈنكى مەن بۇ خەلقتىن خاتىرجەملىكىمنى، مېھىر-مۇھەببىتىمنى ۋە رەھىمدىللىكلىرىمنى ئېلىپ تاشلىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 6 ئۇلۇغلاردىن تارتىپ پەسلەرگىچە بۇ زېمىندا ئۆلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە كۆمۈلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى دەپ، يا ئەتلىرىنى تىلمايدۇ، يا چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ؛ \f □ \fr 16:6 \ft \+bd «ئەتلىرىنى تىلىش» ۋە «چاچنى چۈشۈرۈش»\+bd* ــ بۇلار قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرەتتى. «ئەتلىرىنى كېسىش» ئادىتى تەۋراتتا مەنئى قىلىنغان.\f*  \x + \xo 16:6 \xt لاۋ. 19‏:28؛ قان. 14‏:1\x* \v 7 ئۇلار قارىلىق تۇتقانلارنى يوقلاپ، نان ئوشتۇمايدۇ، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل سورىمايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھېچكىم تەسەللى قەدەھىنى سۇنمايدۇ. \v 8 سەن بولساڭ ئەل-يۇرت بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشكە توي-بەزمە بولغان ئۆيگىمۇ كىرمە؛ \v 9 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ۋە ئۆز كۆز ئالدىڭلاردا، بۇ يەردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازلىرىنى توختىتىمەن.\x + \xo 16:9 \xt يەش. 24‏:7، 8؛ يەر. 7‏:34؛ 25‏:10؛ ئ‍ەز. 26‏:13\x* \b \m \s1 سۈرگۈن بولۇش، ئاندىن زېمىنغا قايتۇرۇلۇش \m \v 10 شۇنداق بولىدۇكى، سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق زور بىر كۈلپەتنى بېشىمىزغا چۈشۈرۈشكە بېكىتكەن؟ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىز زادى نېمە؟ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ. \f □ \fr 16:10 \ft \+bd «سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «... پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، يەرەمىيانىڭ ئۇلارنىڭ توي-نەزىرلىرىگە كىرمەسلىكى ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتتى.\f*  \x + \xo 16:10 \xt يەر. 5‏:19\x* \v 11 ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: ــ چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندىن ۋاز كەچكەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھەمدە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، ئۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلار مەندىن ۋاز كەچكەن، تەۋرات-قانۇنۇمنى ھېچ تۇتمىغان؛ \v 12 سىلەر بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىلىرىڭلاردىن تېخىمۇ بەتتەر قىلغانسىلەر؛ مانا، ھەربىرىڭلار ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ \x + \xo 16:12 \xt يەر. 3‏:17؛ 7‏:26؛ 9‏:14؛ 11‏:10؛ 13‏:10؛ 17‏:23\x* \v 13 شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن ئېلىپ، سىلەر ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھېچ بىلمەيدىغان باشقا بىر زېمىنغا تاشلايمەن؛ سىلەر شۇ يەردە كېچە-كۈندۈز باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ھېچ مېھىرنى كۆرسەتمەيمەن.\x + \xo 16:13 \xt قان. 4‏:27؛ 28‏:64،65\x* \m \v 14 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، \x + \xo 16:14 \xt يەر. 23‏:7، 8\x* \v 15 بەلكى \add شۇ كۈنلەردە\add* «ئىسرائىللارنى شىمالىي زېمىنىدىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق زېمىنلەردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنىغا قايتۇرىمەن. \v 16 ھالبۇكى، مانا ھازىر بولسا، مەن نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتقۇزۇشقا چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاندىن نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلاپ ئوۋلاشقا چاقىرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ھەربىر تاغدىن، ھەربىر ئېگىزلىكتىن، قىيا تاشلارنىڭ غار-قىسىلچاقلىرىدىن تېپىۋالىدۇ. \f □ \fr 16:16 \ft \+bd «مەن... نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ... نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ...»\+bd* ــ «بېلىقچىلار» ۋە «ئوۋچىلار» بولسا دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 17 چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى. \x + \xo 16:17 \xt ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەر. 32‏:19\x* \v 18 لېكىن مەن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن بۇلغىغان، مېنىڭ مىراسىمنى لەنەتلىك نەرسىلىرى بىلەن تولدۇرغان.\f □ \fr 16:18 \ft \+bd «يىرگىنچلىك نەرسىلىرى... لەنەتلىك نەرسىلىرى...»\+bd* ــ بۇتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنىڭ ئۆلۈكلىرى» ــ بەلكىم «دەرۋەقە، ئەرزىمەسلەر!» دەپ تاشلىۋەتكەن بۇتلىرىنى ياكى شۇ بۇتلارغا قۇربانلىق قىلغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 16:18 \xt يەر. 3‏:2؛ ئ‍ەز. 43‏:7\x* \b \m \s1 يەرەمىيا سۆز قىستۇرىدۇ \m \v 19 ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچۈم ۋە قورغىنىمسەن، ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدە باشپاناھىمسەن. ئەللەر بولسا يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە: «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان؛ بۇ نەرسىلەردە ھېچ پايدا يوقتۇر. \f □ \fr 16:19 \ft \+bd «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان»\+bd* ــ «يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىك» يەنە «ساختا ئىلاھلار»، بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 20 ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى \m \v 21 ــ شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم \add بۇ رەزىل خەلققە\add* شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ نامىمنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ!\f □ \fr 16:21 \ft \+bd «شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم بۇ رەزىل خەلققە شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن...»\+bd* ــ بۇ جۈملىدىكى ئەڭ مۇھىم سۆز «شۇڭا»دۇر. ئەگەر كەلگۈسىدە «يات ئەللەر» خۇدانى ئوبدان تونۇيدىغان بولسا، ئۇنداقتا خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىل خۇدانى تونۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟\f*  \x + \xo 16:21 \xt يەر. 33‏:2\x* \b \b \m \c 17 \m \v 1 يەھۇدانىڭ گۇناھى ئالماس ئۇچلۇق تۆمۈر قەلەم بىلەن تاشتاختاي كەبى يۈرەكلىرىگە ۋە قۇربانگاھلىرىدىكى مۈڭگۈزلەرگە ئويۇلغان؛ \x + \xo 17:1 \xt يەر. 11‏:13\x* \v 2 بالىلىرىمۇ يېشىل دەرەخلەر بويىدا تىكلەنگەن، ئېگىز دۆڭلەر ئۈستىدە ياسىغان \add بۇتلىرىنىڭ\add* قۇربانگاھلىرىنى ۋە «ئاشەراھ»لىرىنى ھەردائىم سېغىنىدۇ. \f □ \fr 17:2 \ft \+bd ««ئاشەراھ»لار\+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 17:2 \xt يەر. 2‏:20\x* \v 3 مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ \f □ \fr 17:3 \ft \+bd «مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى... تاپشۇرىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «دالىدا تۇرغان مېنىڭ تېغىمنى بولسا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى... تاپشۇرىمەن». \fp ئىسرائىلدىكى «يۇقىرى جايلار» بۇتپەرەسلىككە ئائىت، يىرگىنچلىك جايلارغا ئايلاندۇرۇلغانىدى.\f*  \x + \xo 17:3 \xt يەر. 15‏:13\x* \v 4 ئۆزۈڭنىڭ شورى، مەن ساڭا تەقدىم قىلغان مىراسىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ؛ مەن سەن تونۇمايدىغان بىر زېمىندا سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا تاپشۇرىمەن؛ چۈنكى سىلەر غەزىپىمگە ئوت يېقىپ ئۇنى قوزغىغانسىلەر؛ ئۇ مەڭگۈگە كۆيىدۇ.\x + \xo 17:4 \xt قان. 28‏:68؛ يەر. 15‏:14؛ 16‏:13\x* \b \m \s1 بىرنەچچە ھېكمەتلىك سۆزلەر \m \v 5 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ــ ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن! \v 6 ئۇ چۆل-باياۋاندا ئۆسكەن قارا ئارچا چاتقىلىدەك بولىدۇ؛ بەخت-ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇ بۇنى كۆرمەيدۇ؛ ئۇ بەلكى چۆلدىكى قاغجىراق يەرلەردە، ئادەمزاتسىز شورلۇق بىر زېمىندا تۇرىدۇ. \v 7 پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ! \x + \xo 17:7 \xt زەب. 2‏:12؛ 34‏:8؛ پەند. 16‏:20؛ يەش. 30‏:18\x* \v 8 ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەخدەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ.\x + \xo 17:8 \xt زەب. 1‏:3\x* \m \v 9 قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟ \v 10 مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن. \f □ \fr 17:10 \ft \+bd «ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن»\+bd* ــ «ۋىجدان» ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەك» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 17:10 \xt 1سام. 16‏:7؛ زەب. 7‏:9\x* \v 11 خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك، ھارامدىن بايلىقلارغا ئېرىشكەن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ كۈنلىرىنىڭ يېرىمى ئۆتمەيلا ئېرىشكىنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ئاخىرىدا ئەخمەق بولۇپ چىقىدۇ.\f □ \fr 17:11 \ft \+bd «خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇددى تۇخۇملارنى بېسىپ لېكىن تۆرەلدۈرمەيدىغان بىر كەكلىكتەك...».\f* \b \m \v 12 شان-شەرەپلىك بىر تەخت، ئەزەلدىن يۇقىرىغا تىكلەنگەن، دەل بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغان جايدۇر؛ \v 13 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدىسەن! سەندىن ۋاز كەچكەن ھەممەيلەن يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ سەندىن يىراقلاشقانلار تۇپراقتا ياتقانلار ئارىسىدا تىزىملىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەن. \x + \xo 17:13 \xt زەب. 73‏:27؛ يەش. 1‏:28؛ يەر. 2‏:13؛ يـۇھ. 8‏:8\x* \v 14 مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن! \f □ \fr 17:14 \ft \+bd «مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن!»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قۇتقۇزۇش» ھەرگىز يەرەمىيانىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ ئامان-ئېسەن ساقلىنىشىنى تىلىشىلا ئەمەس. مۇھىم ئىش شۇكى، ئۇ بۇ ئايەتتىكى گەپ بىلەن 1-11-ئايەتلەردىكى بېشارەتكە، بولۇپمۇ: «قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر» دېگەنگە بولغان ئىنكاسى. ئۇ بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ، ئىككىنچىدىن خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ گۇناھىنىڭ تولۇق تۈگىتىلىشى (ساقايتىلىشى)نى تىلەيدۇ. «داۋاسى يوق» قەلبنى بولسا پەقەت ھەممىگە قادىر بىر خۇدا ساقايتالايدۇ. بۇ ئىش دەل «يېڭى ئەھدە»دىن ئىبارەت ــ 31:31-34نى كۆرۈڭ.\f* \v 15 مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ. \x + \xo 17:15 \xt يەش. 5‏:19؛ 2پېت. 3‏:4\x* \v 16 لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن، ۋە ئەجەل كۈنىنى ھېچ ئارزۇ قىلمىغانمەن، ــ سەن بىلىسەن! ئاغزىمدىن بارلىق چىققانلار سېنىڭ يۈز ئالدىڭدا بولغان. \f □ \fr 17:16 \ft \+bd «پادا باققۇچى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرنىڭ خەلققە بولغان رولىنى كۆرسىتىدۇ. «لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن بولسام، بالايىئاپەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ساڭا ئېسىلمىدىم!»\f* \v 17 ماڭا ۋەھىمە بولمىغايسەن؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. \x + \xo 17:17 \xt يەر. 16‏:19\x* \v 18 ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار يەرگە قاراپ قالسۇن، لېكىن مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن! ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشسۇن، لېكىن مېنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كۈنىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلىك ھالاكەت بىلەن ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغايسەن!\x + \xo 17:18 \xt زەب. 35‏:4-5؛ 40‏:14-15؛ يەر. 15‏:15\x* \b \m \s1 «شابات» كۈنى ــ يەنى شەمبە كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنى ــ رەھىم پۇرسىتى \m \v 19 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ بارغىن، يەھۇدا پادىشاھلىرى شەھەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان «خەلقنىڭ بالىلىرى» دېگەن دەرۋازىدا، ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىدا تۇرغىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ \f □ \fr 17:19 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ بۇ بېشارەت (19-21-ئايەت)نىڭ تېمىسى «شابات كۈنى»، يەنى شەمبە كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنى. خۇدا مۇشۇ يەردە بۇ كۈن ئارقىلىق خەلقىگە مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتمەكچى.\f* \v 20 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىدىغان يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان خالايىق! \v 21 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز جېنىڭلارغا ھېزى بولۇڭلار! «شابات» كۈنىدە ھېچقانداق يۈكنى كۆتۈرمەڭلار، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئېپكىرمەڭلار؛ \x + \xo 17:21 \xt نەھ. 13‏:19\x* \v 22 شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار؛ بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بۇيرۇغىنىمدەك، شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار. \f □ \fr 17:22 \ft \+bd «شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار... شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار»\+bd* ــ ئوقۇرمەنكەرگە ئايانكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۇدىيلارغا، «شابات كۈنى» (شەمبە كۈنى)نى ئۆزىنى سېغىنىشقا، ھېچقانداق مېھنەت قىلماي ھەر ئادەم ۋە مال-ۋاراننىڭ دەم ئالىدىغان كۈنى بولسۇن دەپ بۇيرۇغان.\f*  \x + \xo 17:22 \xt مىس. 20‏:8؛ 23‏:12؛ 31‏:13؛ ئ‍ەز. 20‏:12\x* \v 23 لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان. \x + \xo 17:23 \xt يەر. 11‏:10؛ 13‏:10؛ 16‏:12\x* \v 24 شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر ئاۋازىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەنى شابات كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچ يۈكنى ئېلىپ كىرمىسەڭلار ۋە ھېچ ئەمگەك قىلماسلىق ئارقىلىق شابات كۈنىنى ماڭا پاك-مۇقەددەس بىر كۈن ھېسابلىساڭلار، \v 25 بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ. \x + \xo 17:25 \xt يەر. 22‏:4\x* \v 26 شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەر يەھۇدا شەھەرلىرىدىن، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، بىنيامىننىڭ زېمىنىدىن، \add غەربتىكى\add* «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىن، جەنۇبتىكى \add تاغلىقتىن\add*، يەھۇدادىكى جەنۇبىي باياۋانلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار، «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى»، «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ۋە خۇشبۇيلارنى تۇتۇپ، \add پەرۋەردىگارغا بولغان\add* رەھمەتلىرىنى ئېيتىشقا كىرىدىغان بولىدۇ. \v 27 لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، يەنى شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە پاك-مۇقەددەس ھېسابلىماي، شابات كۈنىدە يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن يۈك كۆتۈرۈپ كىرسەڭلار، ئەمدى مەن دەرۋازىلارغا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئوردىلارنى يەۋېتىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ.\f □ \fr 17:27 \ft \+bd «لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، يەنى شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە پاك-مۇقەددەس ھېسابلىماي، ... ئەمدى مەن دەرۋازىلارغا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئوردىلارنى يەۋېتىدۇ...»\+bd* ــ بۇ 19-27-ئايەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى بار. پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مېھرى-شەپقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز تەۋرات-قانۇنىنىڭ تەلەپلىرىنى پەقەت بىرلا پەرمانغا، يەنى «شابات كۈنىنى ھۆرمەتلەڭلار» دېگەنگە يىغىنچاقلايدۇ؛ ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئاددىي تەلەپكىلا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلارنىڭ پەس ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر يەنىلا بۇ كىچىك پەرمانغا ئەمەل قىلالمىغان. ئادەملەرنىڭ ئىنسانىي گۇناھ تەبىئىتى ھەردائىم شۇنداقتۇر!\f* \b \b \m \c 18 \s1 ساپالچىدىن ئالغان ساۋاق \m \v 1 بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كېلىپ، مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 «ئورنۇڭدىن تۇر، ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىن، مەن ساڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىمەن». \m \v 3 شۇڭا مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇم؛ ۋە مانا، ساپالچى غالتەك ئۈستىدە بىر نەرسىنى ياساۋاتقانىدى. \v 4 ئۇ سېغىز لايدىن ياساۋاتقان قاچا تۇرۇپ-تۇرۇپ قولى ئاستىدا بۇزۇلاتتى. شۇ چاغدا ساپالچى شۇ لايدىن ئۆزى لايىق كۆرگەن باشقا بىر قاچىنى ياسايتتى. \m \v 5 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \v 6 «ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ ساپالچى قىلغاندەك مەن ساڭا قىلالمامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مانا، سېغىز لاينىڭ ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەر مېنىڭ قولۇمدىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى. \x + \xo 18:6 \xt يەش. 45‏:9؛ 64‏:8؛ رىم. 9‏:20\x* \v 7 بەزىدە مەن مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ يۇلۇنۇشى، بۇزۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ \x + \xo 18:7 \xt يەر. 1‏:10\x* \v 8 شۇ چاغ مەن ئاگاھلاندۇرغان شۇ ئەل يامانلىقىدىن توۋا قىلىپ يانسا، مەن ئۇلارغا قىلماقچى بولغان يامانلىقتىن يانىمەن. \v 9 مەن يەنە بەزىدە مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ \v 10 شۇ چاغ شۇ ئەل كۆز ئالدىمدا يامانلىق قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا، مەن يەنە ئۇلارغا ۋەدە قىلغان، ئۇلارنى بەرىكەتلىمەكچى بولغان ياخشىلىقتىن يانىمەن. \m \v 11 ئەمدى ھازىر يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە يامانلىق تەييارلاۋاتىمەن، سىلەرگە قارشى بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن؛ شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىڭلار، يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار.\x + \xo 18:11 \xt 2پاد. 17‏:13؛ يەر. 7‏:3؛ 25‏:5؛ 26‏:13؛ 35‏:15\x* \m \v 12 ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 18:12 \ft \+bd «ياق! خام خىيال قىلما!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياق! ئۈمىد يوق!».\f*  \x + \xo 18:12 \xt يەر. 2‏:25\x* \m \v 13 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان! \x + \xo 18:13 \xt يەر. 2‏:10\x* \v 14 لىۋان قارلىرى ئايدالادىكى قىيالىقتىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ يىراقتىن چۈشكەن مۇزدەك سۇلىرى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟ \v 15 لېكىن مېنىڭ خەلقىم بولسا مېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىلەرگە خۇشبۇي ياقىدۇ؛ مانا، بۇلار ئۇلارنى ياشاۋاتقان يولىدىن، يەنى قەدىمدىن بولغان يوللاردىن پۇتلاشتۇرۇپ، كۆتۈرۈلۈپ تۈز قىلىنمىغان بىر يولدا ماڭدۇرغان. \x + \xo 18:15 \xt يەر. 2‏:32؛ 3‏:21؛ 6‏:16؛ 13‏:25\x* \v 16 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ. \f □ \fr 18:16 \ft \+bd «...ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ»\+bd* ــ بۇ ھەرىكەتلەر (ئۇش-ئۇش قىلىش، باشنى قايقىشىش) بەلكىم ھەيران بولغانلىقى، ياكى مازاق قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 18:16 \xt يەر. 12‏:11؛ 19‏:8؛ 49‏:13؛ 50‏:13\x* \v 17 مەن خۇددى شەرقتىن چىققان شامالدەك ئۇلارنى دۈشمەن ئالدىدا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن بالايىئاپەت كۈنىدە ئۇلارغا يۈزۈمنى ئەمەس، بەلكى ئارقامنى قىلىمەن».\f □ \fr 18:17 \ft \+bd «شەرقتىن چىققان شامال»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە)، ئادەتتە ھەممىنى قۇرۇتىدىغان، چاڭ-توپا تارقىتىدىغان دەھشەتلىك شامال بولىدۇ.\f*  \x + \xo 18:17 \xt يەش. 27‏:8؛ 29‏:6؛ يەر. 4‏:11،12،13؛ 13‏:24\x* \b \m \s1 يەرەمىيا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈشىنى تىلەيدۇ \m \v 18 كىشىلەر: «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ. كېلىڭلار، تىلىمىزنى بىر قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالمايلى» ــ دېيىشتى.\f □ \fr 18:18 \ft \+bd «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ»\+bd* ــ ئۇلار يەرەمىيانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە باھانە-سەۋەب تاپماقچى ئىدى. كۆرۈنەرلىككى، شۇ چاغدىكى تەۋرات-قانۇن ئۆگىتىدىغان كاھىنلار، «دانىشمەنلەر» ۋە ئاتالمىش «پەيغەمبەرلەر» يەرەمىيانىڭ سۆزى توغرۇلۇق سۈكۈت قىلاتتى ياكى ئۇلارغا زىت سۆزلەرنى قىلاتتى. ئۇلار: «بىز بەرىبىر دىنىي ئادەملەرمىز، دىنىي ئەربابلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتىمىز» دەپ خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ يەرەمىيانى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەيتتى.\f*  \x + \xo 18:18 \xt يەر. 9‏:7؛ مال. 2‏:7\x* \m \v 19 ــ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ماڭا قارشىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغايسەن. \v 20 ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا \add دۇئا قىلىپ\add* تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. \v 21 شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن. \x + \xo 18:21 \xt زەب. 109‏:10\x* \v 22 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باسمىچىلارنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۆيلىرىدىن نالە-پەرياد ئاڭلانسۇن؛ چۈنكى ئۇلار مېنى تۇتۇشقا ئورا كولىغان، پۇتلىرىم ئۈچۈن قىسماقلارنى يوشۇرۇن سالغان. \v 23 ئەمدى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ مېنى قەتل قىلىشقا بولغان قەستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭ ئالدىدىن يۇمىغايسەن؛ بەلكى ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا يىقىتىلسۇن؛ غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغايسەن. \b \b \m \c 19 \s1 چېقىلغان كوزىدىن ئالغان ساۋاق \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، ساپالچىدىن بىر ساپال كوزىنى ئالغىن؛ ئاندىن ئەلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىنى ئاپىرىپ، \v 2 «ساپال پارچىلىرى» دەرۋازىسىغا يېقىن بولغان «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»غا بېرىپ شۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلەرنى جاكارلىغىن. \f □ \fr 19:2 \ft \+bd «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»\+bd* ــ بەزىدە «ھىننومنىڭ جىلغىسى» (ئىبرانىي تىلىدا «گە-ھىننوم») دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بەلكىم ساپالچىلار شۇ يەردە ساپال پارچىلىرىنى تاشلىۋېتەتتى. كېيىن، خەلق شۇ يەرگە ھەرخىل ئەخلەتلەرنى تۆككەچكە، ئۇ يەر «دوزاخ»نىڭ بىر سىمۋولى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن «گە-ھىننوم» دېگەن سۆز «دوزاخ»نى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ قالغان. ئەرەب تىلى ئارقىلىق بۇ سۆز «جەھەننەم» شەكلىدە ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن.\f* \v 3 مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. \x + \xo 19:3 \xt 1سام. 3‏:11؛ 2پاد. 21‏:12\x* \v 4 چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. \x + \xo 19:4 \xt يەش. 65‏:11؛ يەر. 2‏:13،17،19؛ 5‏:7،19؛ 7‏:6؛ 15‏:6؛ 17‏:13\x* \v 5 ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان. \v 6 شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. \x + \xo 19:6 \xt يەر. 7‏:32\x* \v 7 مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن. \x + \xo 19:7 \xt يەر. 15‏:3؛ 16‏:4\x* \v 8 مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ. \v 9 مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەم جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتتىق قىستايدىغان قورشاۋىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئوغۇللىرىنىڭ گۆشىنى ھەم قىزلىرىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ.\x + \xo 19:9 \xt لاۋ. 26‏:29؛ قان. 28‏:53؛ يىغ. 4‏:10\x* \m \v 10 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئاپارغان ھەمراھلىرىڭنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىقى كوزىنى چېقىۋەتكىن؛ \v 11 شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە. \x + \xo 19:11 \xt يەر. 7‏:32\x* \v 12 مەن بۇ يەرنى ۋە بۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. \f □ \fr 19:12 \ft \+bd «توفەت»\+bd* ــ بۇ يەر توغرۇلۇق 31:7نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «توفەت» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئوچاق» ھەم «ئۇيات» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە «تۈكۈرۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەر «ھىننومنىڭ ئوغلى (ئىبن-ھىننوم)نىڭ جىلغىسى»غا جايلاشقان، يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئىدى. خەلق ئاشۇ يەردە ئەخلەتلەرنى ۋە ناپاك نەرسىلەرنى تاشلاپ كۆيدۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنتايىن «ھارام»، ئەڭ بۇلغانغان جاي دەپ ھېسابلاندى.\f* \v 13 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ــ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ.\x + \xo 19:13 \xt يەر. 7‏:18\x* \b \m \v 14 ۋە يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن توفەتتىن قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تۇرۇپ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: \v 15 ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان.\x + \xo 19:15 \xt يەر. 7‏:26؛ 17‏:23\x* \b \b \m \c 20 \s1 يەرەمىيانىڭ دەررىگە بېسىلىپ، قاماپ قويۇلۇشى \m \v 1 ئەمدى ئىممەرنىڭ ئوغلى، كاھىن پاشخۇر ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «ئامانلىق ساقلاش بېگى»مۇ ئىدى، يەرەمىيانىڭ بۇ بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. \v 2 پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «بىنيامىننىڭ يۇقىرى دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدىكى تاقاققا سالدى. \f □ \fr 20:2 \ft \+bd «پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ... تاقاققا سالدى»\+bd* ــ «تاقاق» ئىبرانىي تىلىدا «بۇرىغۇچ» دېگەن بولۇپ، پەقەت ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە بەلكىم بەدىنىنى بۇراپ ئادەمنى قىيىنايدىغان بىرخىل ئەسۋاب ئىدى.\f* \v 3 ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى. \f □ \fr 20:3 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى»\+bd* ــ «پاشخۇر»نىڭ مەنىسى بەلكىم «ئەركىنلىك». «ماگىر-مىسسابىب» ــ «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ» دېگەن مەنىدە.\f* \v 4 ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ. \v 5 مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە بايلىقلىرى ــ بارلىق مەھسۇلاتلىرى، بارلىق قىممەت نەرسىلىرى ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ئولجا قىلىپ بۇلىۋېلىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. \x + \xo 20:5 \xt يەر. 15‏:13؛ 17‏:3\x* \v 6 سەن بولساڭ، ئى پاشخۇر، ھەممە ئۆيدىكىلىرىڭ بىرگە سۈرگۈن بولۇپ كېتىسىلەر؛ سەن بابىلغا كېلىسەن؛ سەن شۇ يەردە دۇنيادىن كېتىسەن، شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن؛ سەن ھەم سېنىڭ يالغان بېشارەتلىرىڭگە قۇلاق سالغان ئاغىنىلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ. \b \m \s1 يەرەمىيا يەنە داد كۆتۈرىدۇ \m \v 7 ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى قايىل قىلىپ \add پەيغەمبەرلىككە\add* كۆندۈردۈڭ، مەن شۇنداقلا كۆندۈرۈلدۈم؛ سەن مەندىن زور كەلدىڭ، شۇنداقلا غەلىبە قىلدىڭ؛ مەن پۈتۈن كۈن تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىمەن؛ ھەممە كىشى مېنى مازاق قىلىدۇ. \f □ \fr 20:7 \ft \+bd «سەن مېنى ... كۆندۈردۈڭ...»\+bd* ــ «كۆندۈردۈڭ» دېگەن بۇ سۆزنى شەرھلەش سەل تەس. ئادەتتە ئۇ «ئېزىتقۇلۇق قىلىش»، «ئالداش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تەۋرات، «ھوش.» 14:2-ئايەتتە بولسا ئۇ «كۆڭۈل ئېلىش»نى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر (8-13)گە قارىغاندا خۇدا يەرەمىيانى ھېچ ئالدىمىدى ــ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىكىنى ئالدىنئالا ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن (مەسىلەن، 1-بابتا). شۇڭا بىزنىڭچە «كۆندۈرۈش» توغرا كېلىدۇ؛ شۇنداق دېگىنىمىز بىلەن، يەرەمىيا مۇشۇ يەردە بەلكىم، «ماڭا دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتلەر ئەسلى ئويلىغىنىمدىن كۆپ»، «سەن مېنى ئالداپ قويدۇڭ» دېگەننى پۇرىتىپ دادلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.\f* \v 8 مەن قاچانلا سۆز قىلسام، «زوراۋانلىق ھەم بۇلاڭچىلىق كېلىدۇ» دەپ جاكارلىشىم كېرەك؛ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مېنى پۈتۈن كۈن ئاھانەت ۋە مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ. \x + \xo 20:8 \xt يەش. 57‏:4\x* \v 9 لېكىن مەن: «مەن ئۇنى تىلغا ئالمايمەن، ۋە ياكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىككىنچى سۆز قىلمايمەن» دېسەم، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدە لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ، سۆڭەكلىرىمگە قاپسالغان بىر يالقۇن بولىدۇ؛ ئىچىمگە سىغدۇرۇشقا ھالىم قالماي، ئېيتماي چىداپ تۇرالمايمەن. \v 10 شۇنداق، قىلىۋېرىمەن، گەرچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشقان قەستلىرىنى ئاڭلىساممۇ؛ تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭلار! ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى!» دەپ، بارلىق ئۈلپەت-ھەمراھلىرىم پۇتلىشىپ كېتىشىمنى پايلاپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار «ئۇ بەلكىم ئالدىنار، شۇنداق بولغاندا بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالايمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. \f □ \fr 20:10 \ft \+bd «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماگور-مىسسابىب». 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 11 لېكىن پەرۋەردىگار بولسا قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بىر پالۋاندەك مەن بىلەن بىللىدۇر؛ شۇڭا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار پۇتلىشىپ غەلىبە قىلالمايدۇ؛ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاچقا، قاتتىق خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقى مەڭگۈلۈك بولۇپ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. \x + \xo 20:11 \xt يەر. 1‏:8،19؛ 15‏:20؛ 17‏:18؛ 23‏:40\x* \v 12 ئەمدى سەن، ئى ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولغان قىساسىڭنى ماڭا كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا قويغانمەن.\f □ \fr 20:12 \ft \+bd «ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان...»\+bd* ــ «ۋىجدان» ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 20:12 \xt يەر. 11‏:20؛ 12‏:3؛ 15‏:15؛ 18‏:19-23\x* \m \v 13 پەرۋەردىگارنى كۈي ئېيتىپ ماختاڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلەر؛ چۈنكى ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان.\f □ \fr 20:13 \ft \+bd «ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان»\+bd* ــ «نامرات كىشى» بەلكىم يەرەمىيانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 قاماقتىن چىقىپ يەنە چۈشكۈنلۈككە چۈشۈش \m \v 14 مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە لەنەت بولسۇن؛ ئاپام مېنى تۇغقان كۈنى مۇبارەك بولمىسۇن! \x + \xo 20:14 \xt يەر. 15‏:10\x* \v 15 ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! \x + \xo 20:15 \xt ئايۇپ 3‏:3\x* \v 16 بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن؛ ئۇ ئەتىگەندە نالە، چۈشتە ئالاقزادىلىك چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن ــ \f □ \fr 20:16 \ft \+bd «ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! (15-ئايەت) بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن...»\+bd* ــ پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتتىن چىققان بۇ ئاچچىق سۆزلىرىنى شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن بىز ئۈچۈن خاتىرىلىگىنى بىلەن، بىز: «خۇدا بۇلارنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغان»، دەپ قارىمايمىز. پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسىتى بىزنىڭ پەيغەمبەرنىڭ شۇنچە قىينىلىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.\f*  \x + \xo 20:16 \xt يار. 19\x* \v 17 چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى! \v 18 نېمىشقا مەن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشكە، كۈنلىرىمنى خىجالەت-ئاھانەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە بالىياتقۇدىن چىققاندىمەن؟\x + \xo 20:18 \xt ئايۇپ 3‏:20\x* \b \b \m \c 21 \s1 پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى دۈشمەنلەرگە تاپشۇرىدۇ \m \v 1 پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ \f □ \fr 21:1 \ft \+bd «مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ 20-بابتىكى «پاشخۇر» ئەمەس؛ لېكىن بۇ پاشخۇرمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرەمىياغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەم بولىدۇ (25:29-27نى كۆرۈڭ). «زەفانىيا» بولسا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆزقارىشى يوق بولغان يەنە بىر «يۇمىلاق تاۋۇز»غا ئوخشايدۇ. (29:29دىكى ۋەقەنى كۆرۈڭ). ئۇ بەلكىم ئاخىردا بابىلنىڭ «قاراۋۇل بېگى» تەرىپىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان «زەفانىيا»غا ئوخشاش ئادەم ئىدى (24:52-27نى كۆرۈڭ).\f* \v 2 (\add ئۇلار\add*: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ياردەم سورىغىن؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ \add ئۆتكەنكى\add* كارامەت قىلغان ئىشلىرى بويىچە، بىزگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىمىزدىن ياندۇرارمىكىن؟» ــ \add دەپ سورىدى\add*. \v 3 يەرەمىيا ئۇلارغا: ــ زەدەكىياغا مۇنداق دەڭلار، ــ دېدى) \m \v 4 ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوللىرىڭلار تۇتقان، سىلەرنى قورشىۋالغان بابىل پادىشاھى ھەم كالدىيلەرگە سېپىل سىرتىدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، جەڭ قوراللىرىڭلارنى قايرىۋېتىمەن ۋە بۇلارنى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىۋالىمەن؛ \f □ \fr 21:4 \ft \+bd «كالدىيلەر»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «كالدىيلەر» بابىللىقلارنى، بولۇپمۇ بابىل لەشكەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 5 مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن! \v 6 مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. \v 7 ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ. \m \v 8 لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئالدىڭلاردا ھايات يولى ۋە مامات يولىنى سالىمەن؛ \f □ \fr 21:8 \ft \+bd «لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك»\+bd* ــ «بۇ خەلق» يېرۇسالېمدا قامىلىپ قالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 9 كىم بۇ شەھەردە قالماقچى بولسا، قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىم شەھەردىن چىقىپ، سىلەرنى قورشىۋالغان كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا، ئۇ ھايات قالىدۇ؛ ئۇنىڭ جېنى ئۆزىگە ئالغان ئولجىدەك بولىدۇ. \x + \xo 21:9 \xt يەر. 38‏:2\x* \v 10 چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە ياخشىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قاراتقۇزدۇم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئوت سېلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. \b \m \s1 ئوردىدىكىلەر توغرۇلۇق \m \v 11 ۋە يەھۇدا پادىشاھىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ \v 12 ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار، بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ بولمىسا، قىلغانلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، قەھرىم پارتلاپ، ئوتتەك ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ؛ ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ \f □ \fr 21:12 \ft \+bd «ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، ...: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار»\+bd* ــ قارىغاندا، پادىشاھنىڭ سوتلىرى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلەتتى. يەنە كېلىپ «ھەر ئەتىگەندە» دېگەن ئىبارە بەلكىم «ئادالەت بىرىنچى ئىش بولسۇن، ھەر كۈنىدە ئەڭ مۇھىم ئىش بولسۇن» دېگەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 21:12 \xt يەر. 22‏:3\x* \v 13 مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 21:13 \ft \+bd «جىلغا ئۈستىدە... قىيادا ئولتۇرغۇچى...»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ ئوردىدا ئولتۇرغان پادىشاھ-ئەمىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يېرۇسالېمدىكى ئىككى تاغ ئارىسىدىكى كىچىك جىلغا «تۈزلەڭلىك» قىلىپ تىندۇرۇلغان ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوردا قۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ كىدرون جىلغىسى ئۈستىدە ــ يەنى «پەلەككە تاقاشقان» بىر ئىنتايىن بىخەتەر جايدا ــ ئوردا كۆرۈنەتتى. دېمەك، بۇ سۆزلەر پادىشاھ ھەم ئوردىدىكىلەرگە ئېيتىلغان بولۇشى كېرەك. \fp بەزى تەرجىمانلار بۇ ئايەت يېرۇسالېم شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالى ۋە كەينىدىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، بىزنىڭچە ئۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 14 مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ مېۋىسى بويىچە سىلەرگە يېقىنلىشىپ جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ۋە مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ.\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن»\+bd* ــ «ئورمانلىق» نېمىن كۆرسىتىدۇ؟ ئوردىنىڭ بىر پەخرى بولغان سۇلايمان پادىشاھ بىنا قىلغان ھەيۋەتلىك «لىۋان ئورمانلىقى ئۆيى» (لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان) ئىدى. 6:22نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:14 \xt يەر. 17‏:27\x* \b \b \m \c 22 \s1 پادىشاھقا ئېيتىلغان بىر سۆز \m \v 1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ \f □ \fr 22:1 \ft \+bd «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن»\+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ سۆز بەلكىم زەدەكىيادىن ئىلگىرىكى بىر پادىشاھقا ئېيتىلغان بولسا كېرەك، چۈنكى بۇ سۆز بىرخىل «قۇتقۇزۇش» ئۈمىدىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ لېكىن 21-باب، 12-14ئايەتلەردە زەدەكىيا پەقەت «جازالاش»نى كۈتىدۇ (ئۇنىڭغا ئىككى خىل جازا ئېلىپ كېلىنىدۇ).\f* \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ \m \v 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار. \x + \xo 22:3 \xt يەر. 7‏:6؛ 21‏:12\x* \v 4 سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ. \f □ \fr 22:4 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ». مەلۇم بىر زاماندا داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ پەقەت بىر بولىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 22:4 \xt يەر. 17‏:25\x* \v 5 بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ.\f □ \fr 22:5 \ft \+bd «مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى..»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى...».\f* \m \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن. \f □ \fr 22:6 \ft \+bd «سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك...»\+bd* ــ گىلېئاد ۋە لىۋان گۈزەل ئورمانلىقلىرى بىلەن داڭقى چىققان جايلاردۇر. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ھەرخىل ياغاچلار بىلەن بېزەلگەنىدى.\f* \v 7 مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ. \f □ \fr 22:7 \ft \+bd «مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ»\+bd* ــ ئوردىدىكى چىرايلىق ياغاچ تۈۋرۈك-ياساقلار توغرۇلۇق يۇقىرىقى 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 22:7 \xt يەر. 15‏:6\x* \v 8 نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.\x + \xo 22:8 \xt قان. 29‏:23؛ 1پاد. 9‏:8\x* \m \v 9 ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ. \b \m \s1 1-بېشارەت ــ يەھوئاھاز پادىشاھنىڭ جازاسى \m \v 10 ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ. \f □ \fr 22:10 \ft \+bd «ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار...»\+bd* ــ (ئىزاھات: ــ تۆۋەندىكى 10-30-ئايەتلەر بولسا، يەھۇدانىڭ ئۈچ پادىشاھىنىڭ جازاسى توغرۇلۇق بېشارەتلەردىن ئىبارەت. شۇڭا، بېشارەتلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-597-يىللار مەزگىلىدە بېرىلگەن؛ شۈبھىسىزكى، يەرەمىيانىڭمۇ بۇ يەردە ئۇلارنى بىر يەردە بايان قىلىشنىڭ مەقسىتى، بۇ ئەرزىمەس پادىشاھلارنى 23-بابتىكى بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن «ھەقىقىي باققۇچى» ــ يەنى مەسىھ بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. پادىشاھلار («خەلقنى باققۇچى») ئەيىبلىك (22)، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۆزلىرىمۇ ئەيىبلىك (20-23)، چۈنكى ئۇلار بۇ پادىشاھلار («باققۇچىلار»)نىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىغا قىزىققان، ھەشەمەتلىك ئوردىسىدىن پەخىرلەنگەن؛ ئۇلار يەنە بۇ پادىشاھلارنىڭ چوقۇنغان بۇتلىرىغا چوقۇنغان، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يات ئەلنىڭ پادىشاھلىرى («سېنىڭ ئاشنىلىرىڭ») بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىشلىرىنى تولۇق قوللىغان. ئۇنداق ئىتتىپاقلىشىش پەرۋەردىگارغا تايانماسلىقتىن ئىبارەت ئىدى). \fp (1-بېشارەت (10-12) توغرۇلۇق ئىزاھات: ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-يىلى يوسىيا پادىشاھ مىسىر پادىشاھى پىرەۋن تەرىپىدىن جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ئادالەتلىك-دىيانەتلىك پادىشاھ بولۇپ، نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئۆكۈنۈشتى. يەھوئاھاز تەختىدە ئۈچ ئايلا ئولتۇرغان، ئاندىن مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-597-يىللىرى پىرەۋن تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ بېشارەت شۇ چاغدا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بېشارەتتىكى «ئۆلگىنى» بولسا يوسىيانى، «سۈرگۈن بولغىنى» بولسا يەھوئاھازنى كۆرسىتىدۇ).\f* \v 11 چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛ \f □ \fr 22:11 \ft \+bd «شاللۇم»\+bd* ــ يەھوئاھازنىڭ بىرىنچى ئىسمى، مەنىسى «ھېساب ئېلىش» بولغاچقا، يەرەمىيا بەلكىم ئۇنى مۇشۇ يەردە قەستەن ئىشلىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىدىغان بولىدۇ.\f* \v 12 چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.\f □ \fr 22:12 \ft \+bd «ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.»\+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا «2پاد.» 23:34نى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 2-بېشارەت ــ يەھوئاكىم پادىشاھنىڭ جازاسى \m \v 13 ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛ \f □ \fr 22:13 \ft \+bd «ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي!...»\+bd* ــ بۇ يەھوئاكىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېشارەت (13-19، 20-23) يەھوئاكىم توغرۇلۇق بېشارەت. «2پاد.» 34:23-6:24دىمۇ خاتىرىلەنگەن، پىرەۋن يەھوئاھازنى سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن ئۇكىسى يەھوئاكىمنى «قونچاق پادىشاھ» بولۇشقا تىكلىگەن. ئۇ ئون بىر يىل تەختكە ئولتۇرغان، رەزىل پادىشاھ ئىدى. يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇس يەھوئاكىمنىڭ ئۆلۈمى بېشارەتتەك بولغانلىقىنى خاتىرىلىگەن (يوسېفۇسنىڭ «قەدىمكى ئىشلار»ى، 10-باب، 3:6).\f*  \x + \xo 22:13 \xt لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14،15؛ ھاب. 2‏:9\x* \v 14 ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. \add ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي\add*! \m \v 15 سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، \add ئاتا-بوۋىلىرىڭ\add* بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن. \f □ \fr 22:15 \ft \+bd «سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «ئاتاڭ» بولسا دۇرۇس پادىشاھ يوسىيا ئىدى. «...يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ...» ئىبرانىي تىلىدا پەقەت سۆزمۇسۆز بولسا: «ئۇ يېگەن ۋە ئىچكەن...» دېيىلىدۇ.\f* \v 16 ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 17 ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر. \m \v 18 شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ \x + \xo 22:18 \xt يەر. 16‏:4، 5، 6\x* \v 19 ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 22:19 \ft \+bd «ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇسنىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، نېبوقادنەسار ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىدىن سىرتقا تاشلىۋەتكەنىدى.\f*  \x + \xo 22:19 \xt يەر. 15‏:3؛ 36‏:30\x* \b \m \s1 يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئاگاھ بېرىش \m \v 20 لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى. \f □ \fr 22:20 \ft \+bd «لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر»\+bd* ــ بۇ ئۈچ جاي (لىۋان، باشان، ئابارىم) ھەممىسى «يۇقىرى جاي»لار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئېغىر بىر گۇناھى بولسا «يۇقىرى جاي»لارغا چىقىپ شۇ يەردە بۇتلارغا «تاۋاپگاھ» ياساپ ئۇلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت. لېكىن ئۇلارغا «ئاشنىلار» بولغان بۇتلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن تەرىپىدىن بۇزۇلىدۇ ياكى بۇلىنىپ كېتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). «ئاشنىلار» ئىككىنچى مەنىسى بەلكىم ئۇلار ئىتتىپاقداش قىلماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 21 مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن. \f □ \fr 22:21 \ft \+bd «مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم»\+bd* ــ بۇ بەلكىم يەرەمىيادىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 22:21 \xt يەر. 5‏:23؛ 7‏:23-28؛ 11‏:7، 8؛ 13‏:10، 11؛ 16‏:12؛ 17‏:23؛ 18‏:12؛ 19‏:15\x* \v 22 شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن. \f □ \fr 22:22 \ft \+bd «باققۇچىلار»\+bd* ــ «باققۇچىلار»، شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار، ئاتالمىش «پەيغەمبەرلەر» ۋە كاھىنلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئاشنىلار» بولسا بەلكىم ئۇلار چوقۇنغان بۇتلارنى ھەمدە يەنە ئۆزى بۇتلارغا چوقۇنغان ئىتتىپاقداش قىلماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 23 ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن!\f □ \fr 22:23 \ft \+bd «قانچىلىك ئىڭراپ كېتىسەن»\+bd* ــ ياكى، «نېمىدېگەن ئېچىنارلىق بولارسەن-ھە!»\f* \b \m \s1 3-بېشارەت، 30-1-ئايە •••• كونىيا، يەنى «يەھوئاكىن» پادىشاھ سۈرگۈن قىلىنىپ قايتىپ كەلمەيدۇ \m \v 24 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ \f □ \fr 22:24 \ft \+bd «سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن...»\+bd* ــ بۇ بېشارەت (24-30) يەھوئاكىن (قىسقا ئىسمى، كونىيا) پادىشاھ توغرۇلۇقتۇر. يەھوئاكىن مىلادىيەدىن ئىلگىرى 597-يىلى ئاتىسى يەھوئاكىمنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئۈچ ئايلا تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ رەزىل پادىشاھ بولۇپ، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ئىشلار «2پاد.» 34:23-6:24دە خاتىرىلەنگەن). \fp ئەمەلىيەتتە يەھوئاكىن (كونىيا، ياكى يەكونىياھ) ۋە يەھۇدانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھوقۇقىنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا، ئۇلارنى ئۇنىڭ «مۆھۈرلۈك ئۈزۈك»ى دېگىلى بولاتتى. ئوقۇرمەنلەر بىر پادىشاھنىڭ «مۆھۈرلۈك ئۈزۈك»ىنىڭ ئۆزىگە شۇنچە مۇھىم ۋە قەدىرلىك بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ؛ ئەگەر خۇدا «مۆھۈرلۈك ئۈزۈك»نى تاشلىۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈزۈكتە ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىر ئىش چوقۇم پەيدا بولغان بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 25 مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. \v 26 مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرىۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. \v 27 جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر. \v 28 كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟ \v 29 ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! \v 30 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.\f □ \fr 22:30 \ft \+bd «بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ»\+bd* ــ بۇ 30-ئايەتتىكى مۇھىم بىر بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ.\f* \b \b \m \c 23 \s1 يالغان باققۇچىلار ۋە ھەقىقىي باققۇچى؛ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن بىر خەلق، يېڭى باققۇچىلار \m \v 1 مېنىڭ يايلىقىمدىكى قويلارنى ھالاك قىلغۇچى ۋە تارقىتىۋەتكۈچى پادا باققۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 23:1 \ft \+bd «يايلىقىمدىكى قويلار»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 23:1 \xt ئ‍ەز. 34‏:2\x* \v 2 شۇڭا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى شۇنداق بېقىۋاتقان باققۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ پادامنى تارقىتىۋەتكەنسىلەر، ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنسىلەر ۋە ئۇلارنى ئىزدىمىگەنسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالمىغانسىلەر؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ \v 3 ۋە پادامنىڭ قالدىسىنى بولسا، مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن، ئۇلارنى ئۆز يايلاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار ئاۋۇپ كۆپىيىدۇ. \v 4 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ھەقىقىي باقىدىغان باققۇچىلارنى تىكلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قورقمايدۇ ياكى پاراكەندە بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كەم بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \x + \xo 23:4 \xt ئ‍ەز. 34‏:11،12\x* \v 5 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. \f □ \fr 23:5 \ft \+bd «مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ»\+bd* ــ يەھوئاھاز، يەھوئاكىم ۋە يەھوئاكىننىڭ ئۆلۈشى ياكى سۈرگۈن بولۇشى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى «كېسىلگەن بىر دەرەخ»نىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ. لېكىن خۇدا مەسىھ («ھەققانىي شاخ») بىلەن يەنىلا بۇ دەرەخنى قايتىدىن كۆكلىتىدۇ. «يەش.» 1:11-6نى ۋە «زەك.» 8:3 ۋە 12:6نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:5 \xt يەش. 4‏:2؛ 40‏:11؛ يەر. 33‏:14،15؛ دان. 9‏:24؛ لۇقا 1‏:32،33\x* \v 6 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئىسرائىل ئامان-تىنچلىقتا تۇرىدۇ؛ ئۇ شۇ نامى بىلەن ئاتىلىدۇكى ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىز». \f □ \fr 23:6 \ft \+bd «ئۇنىڭ كۈنلىرىدە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئىسرائىل ئامان-تىنچلىقتا تۇرىدۇ؛ ئۇ شۇ نامى بىلەن ئاتىلىدۇكى ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىز»»\+bd* ــ بۇ بېشارەت: (1) مەسىھنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى؛ (2) كەلگۈسىدە يەھۇدا (ئىككى قەبىلە)نىڭ ۋە ئىسرائىل (ئون قەبىلە)نىڭ قايتىدىن بىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:6 \xt قان. 33‏:28\x* \v 7 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، \x + \xo 23:7 \xt يەر. 16‏:14،15\x* \v 8 بەلكى شۇ كۈنلەردە «ئىسرائىللارنى شىمالدىكى زېمىندىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆز يۇرتىدا تۇرىدۇ. \b \m \s1 ساختا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا \m \v 9 پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ مېنىڭ كۆڭلۈم ئىچ-باغرىمدا سۇنۇقتۇر؛ سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسى تىترەيدۇ؛ مەن مەست بولغان ئادەم، شاراب تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئادەمگە ئوخشايمەن؛ بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر؛ \f □ \fr 23:9 \ft \+bd «بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر»\+bd* ــ كۆز ئالدىدىكى (تۆۋەندە، 10-40-ئايەتلەردە ئېيتىلغان) گۇناھلار، ساختىلىق ۋە شۇنداقلا خەلقنىڭ (ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈشى تۈپەيلىدىن) ئۆزىنى رەت قىلغانلىقى يەرەمىيانىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە ۋە سۇنۇق قىلغان.\f* \v 10 چۈنكى زېمىن بولسا زىناخورلارغا تولغان؛ ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرى توغرا يولدا ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ھەققانىيلىق يولىدا ئەمەس. شۇڭا \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* لەنىتى تۈپەيلىدىن زېمىن قاغجىرايدۇ؛ دالادىكى ئوت-چۆپ سولىشىدۇ؛ \f □ \fr 23:10 \ft \+bd «زېمىن بولسا زىناخورلارغا تولغان»\+bd* ــ بۇ «زىناخورلار»نىڭ كىم ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى 11-ئايەتتە ئايان قىلىنىدۇ ــ يەنى ئۆز ھوقۇقىنى ھارام يولدا ئىشلىتىدىغان كاھىنلار ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر. ئۇلارنىڭ «زىناخورلۇقى» بەلكىم ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى زىناخورلۇق ۋە خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ بۇتلارغا چوقۇنۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. پەلەستىندىكى بۇتپەرەسلىك ھەردائىم بۇتخانىدىكى «پاھىشە ئاياللار» بىلەن باغلىق ئىدى.\f*  \x + \xo 23:10 \xt يەر. 5‏:7، 8؛ 9‏:2\x* \v 11 چۈنكى ھەم پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھارام بولدى؛ ھەتتا ئۆز ئۆيۈمدىمۇ ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \x + \xo 23:11 \xt يەر. 6‏:13؛ 8‏:10؛ 14‏:18\x* \m \v 12 ــ شۇڭا ئۇلارنىڭ يولى ئۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، تېيىلغاق يوللاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار بۇ يوللاردا پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا يامانلىق چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 23:12 \ft \+bd «ئۇلار جازالىنىدىغان يىلى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنى يوقلىشىم كېرەك بولغان يىلى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 23:12 \xt زەب. 35‏:6؛ 73‏:18؛ يەر. 13‏:16\x* \v 13 مەن ئاۋۋال سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەردە ئەخمەقلىقنى كۆرگەنمەن؛ ئۇلار بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنى ئازدۇرغان؛ \v 14 بىراق يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەردىمۇ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، يالغانلىقتا ماڭىدۇ، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇكى، نەتىجىدە ھېچقايسىسى رەزىللىكىدىن يانمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سودومدەك، \add يېرۇسالېمدا\add* تۇرۇۋاتقانلار ماڭا گوموررادەك بولدى. \f □ \fr 23:14 \ft \+bd «يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەردىمۇ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، يالغانلىقتا ماڭىدۇ، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇكى، نەتىجىدە ھېچقايسىسى رەزىللىكىدىن يانمايدۇ...»\+bd* ــ سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ساختا بېشارەت («بائالنىڭ نامىدا») بەرگەنلىكى ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ سامارىيە (ئىسرائىل، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق») بۇتپەرەس پادىشاھلار ئاستىدا بالدۇرلا خۇدانىڭ يولىدىن چىققانىدى. بىراق يېرۇسالېم (يەھۇدا)دا خۇدا ئەۋەتكەن ھەقىقىي پەيغەمبەرلەر كۆپ بولغاچقا، ھەقىقەتنى ئۇلارغا نىسبەتەن خېلىلا ئوبدان بىلىشى كېرەك ئىدى. \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سودومدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ماڭا گوموررادەك بولدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، سودوم ۋە گوموررا ئىككى ئىنتايىن رەزىل شەھەرلەر بولۇپ، خۇدا ئۇلار ئۈستىگە ئوت ياغدۇرۇپ ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى («يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 23:14 \xt يەش. 1‏:9\x* \v 15 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئەمەن بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن؛ چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر ھاراملىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھاراملىق ئۇلاردىن پۈتكۈل زېمىنغا تارقىلىپ كەتتى.\x + \xo 23:15 \xt يەر. 8‏:14؛ 9‏:15\x* \m \v 16 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىۋاتقان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ ئۇلار سىلەرنى بىمەنىلىككە يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر قىلغان بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەۋاتىدۇ. \v 17 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلارغا: «سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەيدۇ ۋە ئۆز كۆڭلىنىڭ جاھىللىقىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرىگە: «ھېچقانداق يامانلىق بېشىڭلارغا چۈشمەيدۇ» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 23:17 \ft \+bd «ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلارغا: «سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەيدۇ ۋە...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار مېنى كەمسىتىدىغانلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەۋېرىدۇ ۋە...».\f*  \x + \xo 23:17 \xt يەر. 6‏:14؛ 8‏:11؛ ئ‍ەز. 13‏:10؛ زەك. 10‏:2\x* \v 18 بىراق ئۇلاردىن قايسى بىرسى پەرۋەردىگارنىڭ كېڭىشىدە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى بايقاپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈن تۇرغان؟ ئۇلاردىن كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان؟ \v 19 مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. \x + \xo 23:19 \xt يەر. 30‏:23، 24\x* \v 20 ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ يېتىسىلەر. \v 21 مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەنمەن، لېكىن ئۇلار خەۋەرنى جار قىلىشقا قاترىغان؛ مەن ئۇلارغا سۆز قىلمىدىم، لېكىن ئۇلار بېشارەت بەرگەن. \x + \xo 23:21 \xt يەر. 14‏:14\x* \v 22 ھالبۇكى، ئۇلار مېنىڭ كېڭىشىمدە تۇرغان بولسا، مېنىڭ خەلقىمگە سۆزلىرىمنى ئاڭلاتقۇزغان بولسا، ئەمدى خەلقىمنى رەزىل يولىدىن ۋە قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن ياندۇرغان بولاتتى. \b \m \v 23 مەن پەقەت بىر يەردىلا تۇرىدىغان خۇدامۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن يىراق-يىراقلاردىكى ھەرجايدا تۇرىدىغان خۇدا ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 23:23 \ft \+bd «مەن پەقەت بىر يەردىلا تۇرىدىغان خۇدامۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن پەقەت يېقىندا تۇرىدىغان خۇدامۇ؟».\f* \v 24 بىرسى يوشۇرۇن جايلاردا مۆكۈۋالسا مەن ئۇنى كۆرەلمەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن تولدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \x + \xo 23:24 \xt زەب. 139‏:7-12؛ ئام. 9‏:2، 3\x* \v 25 مەن مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بىر چۈش كۆردۈم! بىر چۈش كۆردۈم!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم؛ \v 26 بۇنداق پەيغەمبەرلەر يالغان بېشارەتلەرنى بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئېزىتقۇ تەسەۋۋۇرلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بولۇشىۋالغان. ئەمدى ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى قاچانغىچە كۆڭلىگە پۈكىدۇ؟ \v 27 ئۇلار ھەربىرى قاچانغىچە ئۆز يېقىنىغا ئېيتقان چۈشلىرى ئارقىلىق (خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بائالغا چوقۇنۇپ نامىمنى ئۇنتۇغىنىغا ئوخشاش) خەلقىمگە نامىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى پەملەيدۇ؟\x + \xo 23:27 \xt ھاك. 3‏:7؛ 8‏:33،34\x* \m \v 28 چۈشنى كۆرگەن پەيغەمبەر، چۈشنى ئېيتىپ بەرسۇن؛ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان كىشى بۇ سۆزۈمنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىسۇن؛ پاخالنىڭ بۇغداي بىلەن سېلىشتۇرغۇچىلىك نېمىسى باردۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 29 ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 30 شۇڭا مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىدىن «مېنىڭ سۆزلىرىم»نى ئوغرىلاپ دورامچىلىق قىلىدۇ. \x + \xo 23:30 \xt قان. 18‏:20؛ يەر. 14‏:14،15\x* \v 31 مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئۆز تىللىرىنى چايناپ: «\add پەرۋەردىگار\add* دەيدۇ...» دەپ بېشارەت بېرىدۇ. \v 32 مانا، يالغان چۈشلەرنى بېشارەت قىلىپ بۇلارنى يەتكۈزۈپ، يالغانچىلىقى ۋە باشباشتاقلىقى بىلەن مېنىڭ خەلقىمنى ئازدۇرغانلارغا قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن؛ ئۇلار بۇ خەلققە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 23:32 \xt زەف. 3‏:4\x* \m \v 33 ئەمدى ياكى بۇ خەلق، ياكى پەيغەمبەر، ياكى كاھىن سەندىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «قايسى يۈك؟! مەن سىلەرنى ئۆزۈمدىن يىراق تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 23:33 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟... قايسى يۈك؟!...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، ئىبرانىي تىلىدا «يۈك» ۋە «ئېغىر بېشارەت» دېگەنلەر ئوخشاش بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى «سىلەر ئۆزۈڭلار ماڭا يۈك!» دېگەن مەنىدە. خەلقنىڭ يەرەمىيادىن «پەرۋەردىگارنىڭ (ساڭا) يۈكلىگەن سۆزى» توغرۇلۇق سورىشى ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ ئىدى ــ بۇ سۆزنىڭ تېگىدە: «يەرەمىيا ھەردائىم بىزگە ئېغىر سۆزلەر، شۇم خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ» دېگەن مەنە بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ھېچ ئېچىلمىغانىدى.\f* \v 34 «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەيدىغان ھەرقايسى پەيغەمبەر، كاھىن ياكى خەلق بولسا، مەن بۇ كىشىنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن تەڭ جازالايمەن. \v 35 ئەمدى سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىدىن ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىدىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار نېمە جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭلار كېرەك. \v 36 سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېگەننى قايتىدىن ئاغزىڭلارغا ئالمايسىلەر؛ چۈنكى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز سۆزى ئۆزىگە يۈك بولىدۇ؛ چۈنكى سىلەر خۇدايىمىز، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، تىرىك خۇدانىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىغانسىلەر. \f □ \fr 23:36 \ft \+bd «ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز سۆزى ئۆزىگە يۈك بولىدۇ»\+bd* ــ يەرەمىيانىڭ بۇ دېگىنى بىزنىڭچە مۇنداق: «سىلەرنىڭ يالغان سۆزلىرىڭلار، جۈملىدىن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى سىلەرگە جازا ئېپكېلىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغان سۆزلىرىنى سىلەر ياخشى دەپ قوبۇل قىلىپ، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا قايتىلاپ ئېيتىسىلەر؛ بۇ يالغان بېشارەتلەر خۇدانىڭ ھەقىقىي «يۈكلىگەن سۆزى» ئەمەس، بەلكى بېشىڭلارغا خۇدانىڭ ئېغىر جازاسى بولغان «يۈك» چۈشۈرىدىغان سۆزدۇر.\f* \v 37 ھەربىرىڭلار پەيغەمبەردىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار ساڭا نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭ كېرەك. \v 38 لېكىن سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋەرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مانا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋېرىسىلەر ۋە مەن سىلەرگە: ««پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېمەڭلەر» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنمەن، \v 39 شۇڭا مانا، مەن سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن، مەن سىلەرنى سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان شەھەر بىلەن تەڭ يۈزۈمدىن يىراق تاشلايمەن؛ \f □ \fr 23:39 \ft \+bd «مەن سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن»\+bd* ــ ياكى «سىلەرنى يىراققا ئېلىپ كېتىمەن...»\f* \v 40 مەن ئۈستۈڭلارغا مەڭگۈ رەسۋاچىلىق ۋە ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان مەڭگۈلۈك شەرمەندىلىكنى چۈشۈرىمەن! \x + \xo 23:40 \xt يەر. 20‏:11\x* \b \b \m \c 24 \s1 ياخشى ئەنجۈرلەر، يامان ئەنجۈرلەر \m \v 1 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ، يەھۇدا ئەمىر-شاھزادىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنى «مانا كۆر» دەپ كۆرسەتكەن. \x + \xo 24:1 \xt 2پاد. 24‏:15؛ 2تار. 36‏:10\x* \v 2 بىر سېۋەتتە دەسلەپكى پىشقان ئەنجۈردەك ئىنتايىن ياخشى ئەنجۈرلەر بار ئىدى؛ ئىككىنچى سېۋەتتە يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر بار ئىدى. \v 3 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «نېمە كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟» ــ دەپ سورىدى. مەن: «ئەنجۈرلەرنى كۆردۈم؛ ياخشىلىرى بولسا ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ناچارلىرى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئىكەن» ــ دېدىم. \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 5 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدادىن سۈرگۈن بولغانلارنى، يەنى مېنىڭ بۇ يەردىن كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئەۋەتكەنلىرىمنى بۇ ياخشى ئەنجۈرلەردەك ياخشى دەپ قارايمەن؛ \v 6 مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن. \v 7 مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ. \x + \xo 24:7 \xt قان. 30‏:6؛ يەر. 30‏:22؛ 31‏:33؛ 32‏:38،39؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26،27\x* \v 8 لېكىن ناچار ئەنجۈرلەر، يەنى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر قانداق بولغان بولسا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق، مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، ئەمىر-شاھزادىلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قالغان قىسمىنى، بۇ زېمىندا قالغانلارنى ۋە مىسىردا تۇرۇۋاتقانلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن؛ \x + \xo 24:8 \xt يەر. 29‏:17\x* \v 9 مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردا ئۇلارنى رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى، سۆز-چۆچەك، تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى ۋە لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا تاپشۇرىمەن. \f □ \fr 24:9 \ft \+bd «مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ئۇلارنى ھەرياق-ھەرياقلارغا يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدىلىشكە، بالايىئاپەت چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن....»\f*  \x + \xo 24:9 \xt قان. 28‏:25،37؛ 1پاد. 9‏:7؛ 2تار. 7‏:20؛ يەر. 15‏:4؛ 29‏:18؛ 34‏:17؛ 42‏:18\x* \v 10 مەن ئۇلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىندىن يوقىتىلغۇچە ئۇلار ئارىسىغا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابانى ئەۋەتىمەن. \b \b \m \c 25 \s1 سۆز-كالامنى ئاڭلىماسلىق تۈپەيلىدىن يەتمىش يىللىق قۇللۇقتا بولۇش \m \v 1 يوسىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلىدا (يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بىرىنچى يىلىدا) يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى توغرۇلۇق يەرەمىياغا كەلگەن سۆز، ــ \m \v 2 بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 3 ئاموننىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، بۇ يىگىرمە ئۈچ يىل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ تۇرغان ۋە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ \v 4 ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار. \x + \xo 25:4 \xt يەر. 7‏:13،25؛ 11‏:7،8،10؛ 13‏:10،11؛ 16‏:12؛ 17‏:23؛ 18‏:12؛ 19‏:15؛ 22‏:21\x* \v 5 ئۇلار: «سىلەر ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن ۋە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىدىن توۋا قىلىپ يانساڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر. \x + \xo 25:5 \xt 2پاد. 17‏:13؛ يەر. 18‏:11؛ 35‏:15؛ يۇن. 3‏:8\x* \v 6 باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ چوقۇنماڭلار؛ مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرمەڭلار؛ مەن سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلتۈرمەيمەن» ــ دەپ جاكارلىغان. \f □ \fr 25:6 \ft \+bd «قوللىرىڭلار ياسىغانلار...»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ياكى ياسىغان بۇتلارنى ياكى يامان قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا زىيان كەلتۈردۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 8 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان بولغاچقا، \v 9 مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن \add مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى\add* پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛ \x + \xo 25:9 \xt يەر. 19‏:8\x* \v 10 مەن ئۇلاردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى، تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى، تۈگمەن تېشىنىڭ ساداسىنى ۋە چىراغ نۇرىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ \x + \xo 25:10 \xt يەش. 24‏:7؛ يەر. 7‏:34؛ 16‏:9؛ ئ‍ەز. 26‏:13\x* \v 11 بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ.\f □ \fr 25:11 \ft \+bd «بۇ ئەللەر...»\+bd* ــ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). «بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولۇش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 12 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېلىنىڭ بېشىغا، شۇنداقلا كالدىيلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىگە ئۆز قەبىھلىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى مەڭگۈگە خارابىلىك قىلىمەن. \x + \xo 25:12 \xt 2تار. 36‏:22؛ ئەزرا 1‏:1؛ يەر. 29‏:10؛ دان. 9‏:2\x* \v 13 شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ زېمىن ئۈستىگە مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن بارلىق سۆزلىرىمنى، جۈملىدىن بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنى، يەنى يەرەمىيانىڭ بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن بېشارەتلىرىنى چۈشۈرىمەن. \v 14 چۈنكى كۆپ ئەللەر ھەم ئۇلۇغ پادىشاھلار \add بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ\add* قۇل قىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە قوللىرى ياسىغانلىرى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن. \f □ \fr 25:14 \ft \+bd «بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىمۇ» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە بۇ «بابىل پادىشاھى ھەم قوۋملىرى»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 25:14 \xt يەر. 27‏:7\x* \b \m \s1 ھەم يەھۇدا ھەم ئەللەرنىڭ خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىشى توغرۇلۇق بىر ئالامەت كۆرۈنۈش \m \v 15 چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا \add ئالامەت كۆرۈنۈشتە\add* مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ \f □ \fr 25:15 \ft \+bd «مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى خۇدا يەرەمىياغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئېيتقان، دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 25:15 \xt يەر. 13‏:12\x* \v 16 ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ. \m \v 17 شۇڭا مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئالدىم ۋە پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزدۈم، \v 18 ــ يەنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە، ئۇنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە ئەمىر-شاھزادىلىرىگە، يەنى ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بىر خارابە، ۋەھىمە، ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى بولۇشقا ھەم لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا قەدەھنى ئىچكۈزدۈم؛ \f □ \fr 25:18 \ft \+bd «بۈگۈنكى كۈندىكىدەك»\+bd* ــ بۇ ئىبارە بەلكىم بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن قوشۇلغان؛ بولمىسا، باشقا بىر مەنە: «بۈگۈنكى كۈنىدىمۇ بۇ ئىشلار بولغىلى تۇردى» بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 19 مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە، خىزمەتكارلىرىغا، ئەمىر-شاھزادىلىرىغا ھەم خەلقىگە ئىچكۈزدۈم؛ \x + \xo 25:19 \xt يەر. 46\x* \v 20 بارلىق شالغۇت ئەللەر، ئۇز زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئاشكېلوندىكىلەر، گازادىكىلەر، ئەكروندىكىلەرگە ۋە ئاشدودنىڭ قالدۇقلىرىغا ئىچكۈزدۈم؛ \f □ \fr 25:20 \ft \+bd «بارلىق شالغۇت ئەللەر»\+bd* ــ بەلكىم مىسىردا تۇرغان، مىسىرلىقلار بىلەن «ئارىلىشىپ كەتكەن» باشقا مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 25:20 \xt يەر. 47‏:4-7\x* \v 21 ئېدومدىكىلەر، موئابدىكىلەر ۋە ئاممونىيلار، \x + \xo 25:21 \xt يەر. 48؛ 49‏:1-22\x* \v 22 تۇرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ھەم زىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار، \f □ \fr 25:22 \ft \+bd «دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار»\+bd* ــ بەلكىم تۇر ۋە زىدون بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئۇلارغا بېقىنغان «ئوتتۇرا دېڭىز» بويىدىكى پادىشاھلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 25:22 \xt يەر. 47‏:4\x* \v 23 دېداندىكىلەر، تېمادىكىلەر، بۇزدىكىلەر ۋە چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەر، \x + \xo 25:23 \xt يەر. 9‏:25؛ 49‏:8\x* \v 24 ئەرەبىيەدىكى بارلىق پادىشاھلار ۋە چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان شالغۇت ئەللەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، \x + \xo 25:24 \xt يەر. 49‏:31\x* \v 25 زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، \x + \xo 25:25 \xt يەر. 49‏:34\x* \v 26 شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلارغا، يىراقتىكى بولسۇن، يېقىندىكى بولسۇن، بىر-بىرلەپ ئىچكۈزدۇم؛ جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ئىچكۈزدۈم؛ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن شېشاقنىڭ پادىشاھىمۇ \add قەدەھنى\add* ئىچىدۇ. \f □ \fr 25:26 \ft \+bd «شېشاقنىڭ پادىشاھى»\+bd* ــ بابىلنىڭ پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبرانىي تىلى ئېلىپبەسىدە «بابىل» (بابىلون) دېگەن سۆز، «شېشاق» دېگەن سۆزنىڭ «تەتۈر»ىسى؛ يەنى، ئىبرانىي تىلىدا 2-ھەرپ «ب»نى ھەرپلەرنى ئاخىرىدىن سانىغاندا، 2-ھەرپ («ش») بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بارلىق باشقا ھەرپلەرنى «تەتۈر»ىسى بىلەن ئوخشاش يولدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. \fp نېمىشقا بابىل (بابىلون)نى كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشۇ «شىفىرلىق» يول ئىشلىتىلىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، شۇ كۈنلەردە شۇ دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك مەملىكەتنىڭ «زاۋالغا يۈزلىنىشى»نى كۆرسىتىش ئۈچۈن بەزىدە مۇشۇنداق «دارىتما گەپ»نى ئىشلىتىش قولايلىق ئىدى.\f* \v 27 ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» ــ دېگىن. \m \v 28 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر چوقۇم ئىچىسىلەر!» ــ دېگىن. \v 29 چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\x + \xo 25:29 \xt 1پېت. 4‏:17\x* \m \v 30 ئەمدى سەن \add يەرەمىيا\add*، ئۇلارغا مۇشۇ بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاكارلىغىن: ــ \m پەرۋەردىگار يۇقىرىدىن شىردەك ھۆركىرەيدۇ، \m ئۆز مۇقەددەس تۇرالغۇسىدىن ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ \m ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايى ئۈستىگە ھۆركىرەيدۇ؛ \m ئۇ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەر توۋلىغاندەك يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئەيىبلەپ توۋلايدۇ.\x + \xo 25:30 \xt يو. 3‏:16؛ ئام. 1‏:2\x* \m \v 31 ساداسى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن دەۋاسى بار؛ \m ئۇ ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ \m رەزىللەرنى بولسا، ئۇلارنى قىلىچقا تاپشۇرىدۇ؛ \m ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ. \m \v 32 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مانا، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە ھەممىسى ئۈستىگە چىقىپ تارقىلىدۇ؛ \m يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇن چىقىدۇ. \m \v 33 پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ؛ ئۇلارغا ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار يەر يۈزىدە تېزەكتەك ياتىدۇ.\f □ \fr 25:33 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ بېشارەت بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىشىدىن ئاخىرقى زامانغا ئاتلاپ، شۇ كۈنلەردىكى ۋەقەلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 25:33 \xt يەر. 16‏:4\x* \m \v 34 ئى باققۇچىلار، زارلاڭلار، نالە كۆتۈرۈڭلار! \m توپا-چاڭ ئىچىدە ئېغىنىڭلار، ئى پادا يېتەكچىلىرى! \m چۈنكى قىرغىن قىلىنىش كۈنلىرىڭلار يېتىپ كەلدى، \m مەن سىلەرنى تارقىتىۋېتىمەن؛ \m سىلەر ئۆرۈلگەن ئېسىل چىنىدەك پارچە-پارچە چېقىلىسىلەر.\f □ \fr 25:34 \ft \+bd «ئى باققۇچىلار،... ئى پادا يېتەكچىلىرى!...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «باققۇچىلار» ۋە «پادا يېتەكچىلىرى» مۇشۇ ئايەتتە ئەللەرنىڭ ھەرخىل يېتەكچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 25:34 \xt يەش. 65‏:12؛ يەر. 4‏:8؛ 6‏:26؛ 9‏:16؛ 12‏:3؛ 13‏:14،24؛ 18‏:17\x* \m \v 35 پادا باققۇچىلىرىنىڭ باشپاناھى، \m پادا يېتەكچىلىرىنىڭ قاچار يولى يوقاپ كېتىدۇ. \m \v 36 باققۇچىلارنىڭ ئازابلىق پەريادى، \m پادا يېتەكچىلىرىنىڭ زارلاشلىرى ئاڭلىنىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلاي دەۋاتىدۇ؛ \m \v 37 پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، \m تىنچلىق قوتانلىرى خارابە بولىدۇ. \m \v 38 پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ \m ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، \m ۋە \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، \m ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ. \f □ \fr 25:38 \ft \+bd «ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى»\+bd* ــ ياكى «ئەزگۈچىنىڭ قىلىچى».\f* \b \b \m \c 26 \s1 يەرەمىيا «ساختا پەيغەمبەر» دەپ شىكايەت قىلىنىدۇ \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! \f □ \fr 26:2 \ft \+bd «سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ... يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! »\+bd* ــ 26-بابتىكى خاتىرىلەر ۋە بېشارەت بەلكىم 7-بابتىمۇ خاتىرىلەنگەن، ئىبادەتخانا ئىچىدە بولغان ۋەقەنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. 3-6-ئايەتلەر يەرەمىيانىڭ شۇ چاغدا ئىبادەتخانىدا بەرگەن بېشارىتىنىڭ يەكۈنى. مۇشۇ يەردىكى تەكرارلىنىشنىڭ مەقسىتى بولسا، خەلقنىڭ بېشارەتكە بولغان ئىنكاسىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر.\f* \v 3 ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن. \x + \xo 26:3 \xt يەر. 18‏:8\x* \v 4 سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، \v 5 مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، \x + \xo 26:5 \xt يەر. 7‏:13،25؛ 11‏:7؛ 25‏:3\x* \v 6 ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن».\f □ \fr 26:6 \ft \+bd «مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئەسلى «شىلوھ» دېگەن شەھەردە تىكىلگەن. ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ ۋەيران قىلىنىپ، خۇدانىڭ «ئەھدە ساندۇقى» دۈشمەن تەرىپىدىن ئۇ يەردىن بۇلاپ كېتىلىشى بىلەن شىلوھ «خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭدىن يوقاپ كەتكەن جاي» دەپ ئاتالغان («1سام.» 4-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 26:6 \xt 1سام. 4‏:12؛ زەب. 78‏:60؛ يەر. 7‏:12،14\x* \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. \m \v 8 شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك! \v 9 سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. \v 10 يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى. \v 11 كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى. \m \v 12 ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن. \v 13 ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ. \x + \xo 26:13 \xt يەر. 7‏:3\x* \v 14 لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛ \v 15 پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن». \m \v 16 ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى. \v 17 ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ \m \v 18 «مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ \m «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، \m يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ، \m «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، \m ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى.\f □ \fr 26:18 \ft \+bd «مورەشەتلىك مىكاھ»\+bd* ــ مىكاھ پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى «مورەشەت» ئىدى («مىك.» 1:1). \+bd ««ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ..»\+bd* ــ مىكاھ «مۇقەددەس ئۆي» ياكى «ئىبادەتخانا» دېمەيدۇ ــ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇ پەقەت ئاددىي بىر «ئۆي» بولۇپ قالغان. \fp بۇ بېشارەت ھەزەكىيا پادىشاھنى بەلكىم چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. 100 يىلدىن كېيىن بۇ ئاقساقاللار بېشارەتنىڭ ھەزەكىياغا بولغان تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ، پادىشاھى يەھوئاكىمغا تەسىر يەتكۈزمەكچى بولۇپ، بېشارەتنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. \+bd ««ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ»\+bd* ــ «مىك.» 12:3. «يۇقىرى جايلار» دېگىنى كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپتۇر. چۈنكى يەھۇدادىكىلەر ھەردائىم «يۇقىرى جايلار»دا بۇتخانىلارنى سېلىپ شۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنغان. لېكىن شۇ چاغلاردا يېرۇسالېم بۇتقا چوقۇنغان جايدەك «ھارام» بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە ئورمانلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئازپاز چېلىقىدىغان بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس!\f*  \x + \xo 26:18 \xt مىك. 1‏:1؛ 3‏:12\x* \m \v 19 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز \add بۇ يولدىن يانمىساق\add* ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟». \m \v 20 (پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى. \v 21 پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى. \v 22 لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛ \v 23 ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن). \f □ \fr 26:23 \ft \+bd «ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن»\+bd* ــ بۇ ۋەقە بەلكىم يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. لېكىن ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى مۇشۇ يەردە (20-23-ئايەتتىكى تىرناق ئىچىگە) كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت، يەرەمىيا ئۇچرىغان خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈنەرلىك قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت.\f* \v 24 ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى. \b \b \m \c 27 \s1 يەرەمىيا خەلقنى بابىلغا تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، شۇ سۆز يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \f □ \fr 27:1 \ft \+bd «يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيا...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ ئايەتتە «زەدەكىيا»نىڭ ئورنىدا «يەھوئاكىم» دېيىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، «زەدەكىيا» توغرىدۇر (3-ئايەتنى كۆرۈڭ). بۇ بابتىكى ۋەقەلەر بەلكىم زەدەكىيانىڭ تۆتىنچى يىلىدا يۈز بەرگەن.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئاسارەتلەر ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى ياساپ ئۆز بوينۇڭغا سال؛ \x + \xo 27:2 \xt يەر. 28‏:10\x* \v 3 بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا، موئابنىڭ پادىشاھىغا، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا، تۇرنىڭ پادىشاھىغا ۋە زىدوننىڭ پادىشاھىغا يېرۇسالېمغا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەۋەتكىن؛ \f □ \fr 27:3 \ft \+bd «بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئېدوم...، موئاب.. ، ئاممونىيلار..، تۇرنىڭ پادىشاھىغا ۋە زىدوننىڭ پادىشاھىغا يېرۇسالېمغا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەۋەتكىن»\+bd* ــ تارىختىن ئىسپات باركى، بۇ ئەلچىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا كېلىشتىكى مەقسىتى زەدەكىيانى ئېدوم، موئاب، ئاممون، تۇر ۋە زىدون پادىشاھلىرىنىڭ بابىل ئىمپېرىيەسىگە كۆتۈرمەكچى بولغان ئىسيانغا ئىتتىپاقداش قىلىشتىن ئىبارەت.\f* \v 4 ھەربىرىنى ئۆز خوجايىنلىرىغا شۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغىن: ــ \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز خوجايىنلىرىڭلارغا مۇنداق دەڭلار: ــ \v 5 مەن زېمىن ۋە زېمىن يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى زور قۇدرىتىم ۋە سوزۇلغان بىلىكىم بىلەن ياراتقانمەن؛ ۋە كىم كۆزۈمگە لايىق كۆرۈنسە، بۇلارنى شۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. \x + \xo 27:5 \xt دان. 4‏:14،22\x* \v 6 ھازىر مەن بۇ زېمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى بابىل پادىشاھى، مېنىڭ قۇلۇم بولغان نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا تەقدىم قىلدىم.\x + \xo 27:6 \xt يەر. 25‏:9\x* \m \v 7 بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ. \v 8 شۇنداق بولىدۇكى، قايسى ئەل ياكى پادىشاھلىق بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشنى، يەنى بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇشنى رەت قىلسا، مەن شۇ ئەلنى نېبوقادنەسارنىڭ قولى ئارقىلىق يوقاتقۇزغۇچە قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 9 ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ \f □ \fr 27:9 \ft \+bd «چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلار»\+bd* ــ ياكى «چۈش ئۆرۈگۈچىلىرىڭلار».\f* \v 10 چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىق قىلىپ بېشارەت بېرىدۇ؛ \add گەپلىرىگە كىرسەڭلار\add*، سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلاردىن سۈرگۈن قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۆزۈم سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەيمەن، سىلەر نابۇت بولىسىلەر. \v 11 لېكىن قايسى ئەل بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ قۇللۇقىغا كىرسە، شۇ ئەلنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغۇزىمەن، ئۇلار ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق قىلىپ ياشايدۇ. \m \v 12 ــ مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغىمۇ شۇ سۆزلەر بويىچە مۇنداق دېدىم: «بوينۇڭلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر. \v 13 ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنمىغان ھەرقايسى ئەللەر توغرىسىدا دېگىنىدەك، سەن ۋە خەلقىڭ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلمەكچى بولىسىلەر؟ \v 14 پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بابىلنىڭ قۇللۇقىدا بولمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. \x + \xo 27:14 \xt يەر. 14‏:14؛ 23‏:21؛ 29‏:8\x* \v 15 مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، مەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، شۇنىڭدەك نابۇت بولىسىلەر؛ سىلەر ۋە سىلەرگە بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر نابۇت بولىسىلەر». \m \v 16 ئاندىن مەن كاھىنلارغا ۋە بۇ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار پات ئارىدا بابىلدىن قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. \x + \xo 27:16 \xt يەر. 28‏:3\x* \v 17 ئۇلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر؛ بۇ شەھەر نېمىشقا ۋەيران بولسۇن؟ \v 18 ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر بولسا ھەم پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلاردا بولسا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۆزىدە قالغان قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار بابىلغا ئېلىپ كېتىلمىسۇن دەپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلسۇن! \m \v 19 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىككى \add مىس\add* تۈۋرۈك، \add مىس\add* «دېڭىز»، داس ھارۋىلىرى ۋە بۇ شەھەردە قالغان \add قىممەتلىك\add* قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ \f □ \fr 27:19 \ft \+bd «مىس دېڭىز»\+bd* ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار يۇيۇنىدىغان، مىستىن ياسالغان چوڭ بىر كۆلچەك داس. \fp «داس ھارۋىلىرى» (ياكى «داس تەگلىكلىرى») «دېڭىز»دىن كىچىكرەك بولغان داسلارنى يۆتكەشكە ئىشلىتىدىغان چاقلىق تەگلىكتۇر. «1پاد.» 7-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 20 (بۇلارنى بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھنى يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئېسىلزاد-ئەمىرلەر بىلەن تەڭ يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا ئۇ ئېلىپ كەتمىگەنىدى) \x + \xo 27:20 \xt 2پاد. 24‏:14،15\x* \v 21 بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قالغان \add قىممەتلىك\add* قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \v 22 ئۇلارمۇ بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار مەن ئۇلاردىن قايتىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.\f □ \fr 27:22 \ft \+bd «مەن ئۇلاردىن قايتىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۇلارنى يوقلايدىغان كۈنى».\f*  \x + \xo 27:22 \xt 2پاد. 25‏:13؛ 2تار. 36‏:18،22؛ يەر. 29‏:10\x* \b \b \m \c 28 \s1 ساختا پەيغەمبەرنىڭ يەرەمىياغا قارشى چىقىشى \m \v 1 شۇ يىلدا، يەھۇدا پادىشاھى زەكەرىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى تۆتىنچى يىلى، بەشىنچى ئايدا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، گىبېئون شەھىرىدىكى ھانانىيا پەيغەمبەر، كاھىنلار ۋە بارلىق خالايىق ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ماڭا: ــ \m \v 2 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم! \f □ \fr 28:2 \ft \+bd «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم!»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرنىڭ سۆزى يەرەمىيا 27-بابتا «نېبوقادنەسارنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىنى قوبۇل قىلىشىڭلار كېرەك» ۋە «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قالغان قاچا-قۇچىلارمۇ ئېپكېتىلىدۇ» دېگەن بېشارەتنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.\f* \v 3 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مۇشۇ يەردىن ئېپكەتكەن، بابىلغا ئاپارغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، ئىككى يىل ئۆتمەيلا مەن مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېپكېلىمەن؛ \x + \xo 28:3 \xt يەر. 27‏:16\x* \v 4 ۋە مەن يەھۇدا پادىشاھى، يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەكونىياھنى يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندىرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. \m \v 5 ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر كاھىنلار ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بارلىق خالايىق ئالدىدا ھانانىيا پەيغەمبەرگە سۆز قىلدى. \v 6 يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن! \v 7 لېكىن ئۆز قۇلىقىڭغا ۋە بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويۇلىدىغان مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلا! \v 8 ــ مېنىڭ ۋە سېنىڭدىن بۇرۇن، قەدىمدىن تارتىپ بولغان پەيغەمبەرلەرمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئۇلۇغ دۆلەتلەر توغرۇلۇق، ئۇرۇش، ئاپەت ۋە ۋابالار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ كەلگەن؛ \v 9 تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!». \m \v 10 ئاندىن ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتتى. \f □ \fr 28:10 \ft \+bd «يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇق»\+bd* ــ 2:27نى كۆرۈڭ.\f* \v 11 ھانانىيا خەلق ئالدىدا سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككى يىل ئۆتمەيلا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىدىن ئېلىپ سۇندۇرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر چىقىپ كەتتى. \m \v 12 ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتكەندىن بىرئاز كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 13 بارغىن، ھانانىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ياغاچتىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرغىنىڭ بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن بولغان بويۇنتۇرۇقنى سېلىپ قويدۇڭ! \v 14 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈردىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سالىمەنكى، ئۇلار بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ تەقدىم قىلغانمەن».\x + \xo 28:14 \xt يەر. 27‏:6\x* \m \v 15 ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ھانانىيا پەيغەمبەرگە: «قۇلاق سال، ھانانىيا! پەرۋەردىگار سېنى ئەۋەتكەن ئەمەس! سەن بۇ خەلقنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنسەن! \v 16 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن! سەن دەل مۇشۇ يىلدا ئۆلىسەن، چۈنكى سەن ئادەملەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانسەن».\f □ \fr 28:16 \ft \+bd «سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن»\+bd* ــ خۇدا بۇ ساخات پەيغەمبەرنى ئەسلىدە «ئەۋەتكەن ئەمەس» لېكىن ھازىر ئۇ ئۇنى «ئۆلۈمگە ئەۋەتىدۇ!»!\f*  \x + \xo 28:16 \xt قان. 13‏:6؛ يەر. 29‏:32\x* \m \v 17 ھانانىيا پەيغەمبەر دەل شۇ يىلى يەتتىنچى ئايدا ئۆلدى. \b \b \m \c 29 \s1 يەرەمىيا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا يازغان خەت \m \v 1 يەرەمىيانىڭ يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن بولغانلار ئارىسىدىكى ھايات قالغان ئاقساقاللارغا، كاھىنلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە نېبوقادنەسار ئەسىر قىلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلققە يېرۇسالېمدىن يوللىغان خېتى: ــ \m \v 2 (خەت پادىشاھ يەكونىياھ، خانىش، ۋەزىرلەر، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى شاھزادە-ئەمىرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەر يېرۇسالېمدىن كەتكەندىن كېيىن، \x + \xo 29:2 \xt 2پاد. 24‏:12 \x* \v 3 شافاننىڭ ئوغلى ئەلاساھنىڭ ۋە ھىلقىيانىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ قولى بىلەن يوللانغان ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا بۇ كىشىلەرنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا يوللىغان). يوللىغان خەت مۇنداق: ــ \m \v 4 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈنگە ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 5 ئۆيلەرنى قۇرۇڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار؛ باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار؛ \v 6 ئۆيلىنىڭلار، ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار؛ ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن قىزلارنى ئېلىپ بېرىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىڭلار؛ ئۇلارمۇ ئوغۇل-قىزلىق بولسۇن؛ شۇ يەردە كۆپىيىڭلاركى، ئازىيىپ كەتمەڭلار؛ \f □ \fr 29:6 \ft \+bd «ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئوغۇل-قىزلارنى تۇغدۇرۇڭلار».\f* \v 7 مەن سىلەرنى سۈرگۈنگە ئەۋەتكەن شەھەرنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقى بولسا، سىلەرمۇ تىنچ-ئاۋات بولىسىلەر. \m \v 8 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛ \f □ \fr 29:8 \ft \+bd «سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار»\+bd* ــ خەلقنىڭ پالچىلارغا «بىز توغرۇلۇق بىر چۈش كۆرۈپ بەرسىڭىز» دېگەن تەلىپى ئىنتايىن كۈلكىلىك، شۇ چاغدىكى خەلق ھەقىقەتەن شۇ دەرىجىدە نادانلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 29:8 \xt يەر. 14‏:14؛ 23‏:31؛ 27‏:15\x* \v 9 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 10 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى، سىلەرنى مۇشۇ يۇرتقا قايتۇرۇشۇم بىلەن سىلەرگە قىلغان شاپائەتلىك ۋەدەمنى ئادا قىلىمەن؛ \f □ \fr 29:10 \ft \+bd «بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى...»\+bd* ــ بۇ «يەتمىش يىل» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 29:10 \xt 2تار. 36‏:22؛ ئەزرا 1‏:1؛ يەر. 25‏:12؛ دان. 9‏:2\x* \v 11 چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 12 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن. \x + \xo 29:12 \xt دان. 9\x* \v 13 سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر. \f □ \fr 29:13 \ft \+bd «سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر»\+bd* ــ ياكى «سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن مېنى ئىزدەيدىغان بولساڭلار، سىلەر مېنى ئىزدەپ تاپىسىلەر».\f* \v 14 مەن ئۆزۈمنى سىلەرگە تاپقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن سىلەرنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، مەن سىلەرنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق ئەللەردىن ۋە ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردىن يىغىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنى ئېلىپ، ئەسلى سۈرگۈن قىلىپ ئايرىغان يۇرتقا قايتۇرىمەن.\x + \xo 29:14 \xt يەر. 23‏:3\x* \m \v 15 سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزگە بابىلدا پەيغەمبەرلەرنى تىكلىدى» دېسەڭلار، \f □ \fr 29:15 \ft \+bd ««پەرۋەردىگار بىزگە بابىلدا پەيغەمبەرلەرنى تىكلىدى» دېسەڭلار...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «پەيغەمبەرلەر» شۈبھىسىزكى، يالغان ئۈمىدلەرنى قوزغايدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ بېشارەتتىن كۆپ ئۆتمەي، دانىيال ھەم ئەزاكىيال دېگەن ھەقىقىي پەيغەمبەرلەر بابىلدا بېشارەت قىلىشقا باشلىدى.\f* \v 16 ئەمدى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ ۋە بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق خەلق، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان قېرىنداشلىرىڭلار توغرۇلۇق شۇنى دەيدۇ: ــ \m \v 17 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئازابلايدىغان قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خۇددى سېسىغان، يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەردەك قىلىمەن؛ \x + \xo 29:17 \xt يەر. 24‏:8،10\x* \v 18 ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن قوغلايمەن، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدەپ ئاپىرىمەن؛ ئۇلارنى شۇ ئەللەرگە ۋەھىمە، لەنەت، دەھشەت، ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن. \x + \xo 29:18 \xt قان. 28‏:25،37؛ يەر. 15‏:4؛ 24‏:9،10\x* \v 19 چۈنكى مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتقىنىم بىلەن، ئۇلار قۇلاق سالمىغان؛ سىلەر \add سۈرگۈن بولغانلارمۇ\add* ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 20 لېكىن ئى سىلەر سۈرگۈن بولغانلار، مەن يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئەۋەتكەنلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ \m \v 21 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە يالغاندىن بېشارەت بېرىدىغان كولايانىڭ ئوغلى ئاھاب توغرۇلۇق ۋە مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ؛ \v 22 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسال قىلىنىپ بابىلدا تۇرغان يەھۇدادىكى بارلىق سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئاغزىدا: «پەرۋەردىگار سېنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئوتتا كاۋاب قىلغان زەدەكىيا ۋە ئاھابدەك قىلسۇن!» دېگەن لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ \v 23 چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە ئىپلاسلىق قىلغان، قوشنىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلغان ۋە مېنىڭ نامىمدا يالغان سۆزلەرنى، مەن ئۇلارغا ھېچ تاپىلمىغان سۆزلەرنى قىلغان؛ مەن بۇلارنى بىلگۈچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \s1 شېمايا بابىلدىن يەرەمىيا توغرۇلۇق يازغان خەت •••• يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يوللىغان جاۋاب خېتى •••• خۇدانىڭ بۇنىڭ توغرۇلۇق يەرەمىياغا ئېيتقان سۆزى \m \v 24 «سەن يەرەمىيا نەھەلەملىك شېماياغا مۇنداق دېگىن: ــ \m \v 25 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئۆز نامىڭدا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلققە، كاھىن بولغان مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىياغا ۋە بارلىق كاھىنلارغا خەتلەر يوللىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، ــ \v 26 (\add سەن زەفانىياغا مۇنداق يازغان\add*: «پەرۋەردىگار سېنى كاھىن يەھۇيادانىڭ ئورنىغا كاھىن تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە شۇنىڭغا نازارەتچى قىلغانكى، بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەر بولۇۋالغان ھەربىر تەلۋىنى بېسىش ئۈچۈن پۇتى ۋە بوينىغا تاقاق سېلىشىڭ كېرەك. \f □ \fr 29:26 \ft \+bd «ئۇ سېنى ... نازارەتچى قىلغانكى، بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەر بولۇۋالغان ھەربىر تەلۋىنى بېسىش ئۈچۈن پۇتى ۋە بوينىغا تاقاق سېلىشىڭ كېرەك»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك بولىدۇ.\f*  \x + \xo 29:26 \xt يەر. 20‏:1، 2، 3\x* \v 27 ئەمدى سەن نېمىشقا سىلەرگە ئۆزىنى پەيغەمبەر قىلىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى ئەيىبلىمىدىڭ؟ \v 28 چۈنكى ئۇ ھەتتا بابىلدا تۇرۇۋاتقان بىزلەرگىمۇ: «شۇ يەردە بولغان ۋاقتىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ؛ شۇڭا ئۆيلەرنى سېلىڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار، باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار» دەپ خەت يوللىدى!») \v 29 ــ زەفانىيا مۇشۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەر ئالدىدا ئوقۇدى. \m \v 30 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 31 بارلىق سۈرگۈن بولغانلارغا خەت يوللاپ مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار نەھەلاملىق شەمايا توغرۇلۇق مۇناق دەيدۇ: چۈنكى مەن ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولساممۇ، شېمايانىڭ سىلەرگە بېشارەت بېرىپ، سىلەرنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، \x + \xo 29:31 \xt يەر. 28‏:15\x* \v 32 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، نەھەلاملىق شېمايانى نەسلى بىلەن بىللە جازالايمەن؛ مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەسلى تېپىلمايدۇ؛ ئۇ مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ياخشىلىقنى ھېچ كۆرمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى ماڭا ئاسىيلىققا قۇتراتتى.\x + \xo 29:32 \xt يەر. 28‏:16\x* \b \b \m \c 30 \s1 خۇدانىڭ خەلقىگە تەسەللى، رىغبەت ۋە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن يەرەمىيانىڭ كىتاب يېزىشى \m \v 1 پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ \f □ \fr 30:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز..»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا «يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش» ھەم «قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش»نى جاكارلاشقا چاقىرغان (10:1). ئۇ «يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش» توغرۇلۇق بېشارەتلەر بەرگەندىن كېيىن، ھازىر ئۇنىڭغا «قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش» توغرۇلۇق بېشارەتلەر (30-33-بابلار) بېرىلىدۇ.\f* \m \v 2 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن؛ \f □ \fr 30:2 \ft \+bd «مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن»\+bd* ــ «مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىم» بەلكىم 30-31بابلاردا كۆرۈلىدۇ. سۆزلەر بەلكىم چۈش ئارقىلىق يەرەمىياغا تاپشۇرۇلغان (26:31نى كۆرۈڭ). ئۇلار ئەسلى ئايرىم ئورام كىتابچە بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 3 چۈنكى مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەلقىم ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. \m \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ۋە يەھۇدا توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ \m \v 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ئاڭلىتىلىدۇ ئالاقزادىلىك ھەم قورقۇنچلۇقنىڭ ئاۋازى، \m بولسۇن نەدە ئامان-تىنچلىق! \m \v 6 سوراڭلار، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭلاركى، ئەر بالا تۇغامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئەمدى تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ھەربىر ئەر كىشىنىڭ چاتىرىقىنى قولى بىلەن تۇتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ نېمىشقا يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەندۇ؟\x + \xo 30:6 \xt يەر. 4‏:31؛ 6‏:24\x* \v 7 ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. \f □ \fr 30:7 \ft \+bd «ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر»\+bd* ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. بېشارەت بابىلدىن قايتۇرۇلۇشىنى كۆرسەتكىنى بىلەن، «ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنى»نىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاخىرقى زاماندا بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 30:7 \xt يو. 2‏:11؛ زەف. 1‏:15\x* \v 8 شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن، ئاسارەتلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن، يات ئادەملەر ئۇنى ئىككىنچى قۇللۇققا چۈشۈرمەيدۇ. \f □ \fr 30:8 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن»\+bd* ــ «ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى» دېگىنى مۇشۇ يەردە ئاۋۋال نەبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىنى، ھەمدە ئاخىرقى زاماندىكى بابىل پادىشاھى «دەججال»نىڭ قۇللۇقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 9 شۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھەمدە مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ.\f □ \fr 30:9 \ft \+bd «مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھى...»\+bd* ــ «داۋۇت پادىشاھى» شۈبھىسىزكى، داۋۇتنىڭ ئۆزىدىن ئۇلۇغ بولغان ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 30:9 \xt ئ‍ەز. 34‏:23،24؛ 37‏:24؛ ھوش. 3‏:5\x* \m \v 10 ئەمدى سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يەرلەردىن، سېنىڭ نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزىمەن؛ ياقۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ئارام تېپىپ ئازادە تۇرىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. \x + \xo 30:10 \xt يەش. 41‏:13؛ 43‏:5؛ 44‏:1؛ يەر. 46‏:28\x* \v 11 چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويۇپ قويمايمەن.\x + \xo 30:11 \xt يەش. 27‏:8؛ يەر. 4‏:27؛ 5‏:10،18؛ 10‏:24؛ 46‏:28\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ يارىسىنى ساقايتىدۇ \m \v 12 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ زېدەڭ داۋالىغۇسىز، سېنىڭ ياراڭ بولسا ئىنتايىن ئېغىردۇر. \x + \xo 30:12 \xt يەر. 10‏:19؛ 15‏:18\x* \v 13 سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايدىغان ھېچكىم يوق، ياراڭنى تاڭغۇچى يوقتۇر، ساڭا شىپالىق دورىلار يوقتۇر؛ \v 14 سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان. \f □ \fr 30:14 \ft \+bd «سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان»\+bd* ــ «ئاشنىلىرىڭ» مۇشۇ يەردە (1) ئىسرائىلغا «سىلەرگە ئىتتىپاقداش بولايلى» دېگەن بۇتپەرەس ئەللەرنى (2) يەھۇدادىكىلەر چوقۇنغان ھەم تايانغان بۇتلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 30:14 \xt يەر. 22‏:20\x* \v 15 نېمىشقا زېدەڭ تۈپەيلىدىن، دەرد-ئەلىمىڭ داۋالىغۇسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسەن؟ قەبىھلىكىڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز بولغانلىقىدىن، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغانلىقىدىن، مەن شۇلارنى ساڭا قىلغانمەن.\x + \xo 30:15 \xt يەر. 5‏:6؛ 13‏:17\x* \m \v 16 لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن. \x + \xo 30:16 \xt مىس. 23‏:22؛ يەش. 41‏:11؛ يەر. 10‏:25\x* \v 17 چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن. \b \m \s1 پەرۋەردىگار ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ \m \v 18 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مانا، مەن ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، \m ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرى ئۈستىگە رەھىم قىلىمەن؛ \m شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، \m ئوردا-قەلئە ئۆز جايىدا يەنە ئادەمزاتلىق بولىدۇ.\f □ \fr 30:18 \ft \+bd «شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ «شەھەر» يېرۇسالېمنى كۆرسىتىشى كېرەك. «شەھەر»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەربىر شەھەر...».\f* \m \v 19 شۇ جايلاردىن تەشەككۈر كۈيلىرى ۋە شاد-خۇراملىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ؛ \m مەن ئۇلارنى كۆپەيتىمەنكى، ئۇلار ئەمدى ئازايمايدۇ؛ \m مەن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىمەن، ئۇلار ھېچ پەس بولمايدۇ.\x + \xo 30:19 \xt يەر. 31‏:4\x* \m \v 20 ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىمدىكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جامائىتى ئالدىمدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ؛ \m ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. \m \v 21 ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ، \m ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ؛ \m مەن ئۇنى ئۆز يېنىمغا كەلتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يېقىن كېلىدۇ؛ \m چۈنكى يېنىمغا كەلگۈچى \add جېنىنى\add* تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 30:21 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ...»\+bd* ــ بۇ ئايەت يەنە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. ئايەت ئۇنىڭ ھەم پادىشاھ ھەم كاھىن (باشقىلارغا ۋەكىل بولۇپ خۇدانىڭ ئالدىغا دۇئا قىلىشقا كېلىدىغان) بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 22 ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، \m مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.\x + \xo 30:22 \xt يەر. 24‏:7؛ 31‏:1،33؛ 32‏:38\x* \m \v 23 مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! \m ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ \m بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ \m ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.\x + \xo 30:23 \xt يەر. 23‏:19، 20؛ 25‏:32\x* \m \v 24 كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، \m پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى يانمايدۇ؛ \m ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر. \b \b \m \c 31 \s1 ‘داۋامى’ \m \v 1 شۇ ۋاقىتتا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. \b \m \s1 ئىسرائىل ‘10 قەبىلە’ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ يەھۇداغا باغلىنىپ، خۇدا ئالدىدا ئىبادەت قىلىدۇ \m \v 2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان؛ مەن كېلىپ ئۇلارنى ئارام تاپقۇزىمەن. \f □ \fr 31:2 \ft \+bd «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان»\+bd* ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى ئۆزىگە سۈرگۈن قىلغان ئون قەبىلىنى كۆرسىتىدۇ. «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق» يەنە بابىلغا سۈرگۈن بولغان يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ (50:51نى كۆرۈڭ). «چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان» دېگەن سۆزلەر، ئىسرائىل مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرگەندەك، مۇشۇ سۈرگۈن بولغان ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بابىل ۋە باشقا شىمالىي تەرەپلەردىن تەڭ قۇتقۇزۇلۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرىدۇ.\f* \v 3 پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن. \v 4 مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن. \x + \xo 31:4 \xt يەر. 30‏:19\x* \v 5 سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ. \f □ \fr 31:5 \ft \+bd «سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ»\+bd* ــ ئۈزۈمزارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى شۇ چاغنىڭ ئامان-تىنچلىق كۈنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 31:5 \xt يەش. 65‏:21\x* \v 6 چۈنكى ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: «تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا زىئونغا چىقايلى!» ــ دەپ نىدا كۆتۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ.\f □ \fr 31:6 \ft \+bd «ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: ...»\+bd* ــ «ئەفرائىم» دېگەنلىك مۇشۇ يەرنى «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ (شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئون قەبىلە بەزى ۋاقىتلاردا قىسقىچە «ئەفرائىم» دەپ ئاتالغان). «ئىسرائىل» يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىققان ۋاقتىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنى بۇرۇنقىدەك يەھۇدا بىلەن بىللە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈپ كېتىشى ياكى يالتىيىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ يېرۇسالېمغا بارماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىبادەتخانا»سىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇتلارنى سالغان. مۇشۇ بېشارەت، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق ھەسەتخورلۇق مەۋجۇت بولمايدۇ، يەھۇدا ۋە ئەفرائىمنىڭ خۇدانىڭ ئىبادىتىدە قەلبى بىر بولىدۇ، دەيدۇ. \+bd «كۆزەتچىلەر»\+bd* ــ بۇلارنىڭ ئادەتتىكى بۇرچى، دۈشمەنلەرنىڭ يېقىن كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھ بېرىش. لېكىن شۇ كۈنلەر تىنچ-ئامان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر بۇرجى «يېڭى ئاي»نى بايقاپ، بايرام-ھېيتلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمغا چىقايلى، دەپ جاكارلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.\f*  \x + \xo 31:6 \xt يەش. 2‏:2، 3؛ مىك. 4‏:2\x* \m \v 7 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، \m ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ \m جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ: «ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ خەلقىڭنى، \m يەنى ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى قۇتقۇزغايسەن!» ــ دەڭلار!\f □ \fr 31:7 \ft \+bd «ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ...دەڭلار!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر كىملەرگە ئېيتىلىدۇ؟ ياقۇپ «ئەللەرنىڭ بېشى» دەپ ئاتالغاچقا، بۇ سۆزلەر «يات ئەللەر»گە ئېيتىلىشى مۇمكىن (10-ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ ياكى بولمىسا سۈرگۈنلۈكتىن يۇرتقا بالدۇر قايتىپ كېلىۋاتقان يەھۇداغا، ياكى قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىشنى دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 8 مانا، مەن ئۇلارنى شىمالىي يۇرتلاردىن ئېپكېلىمەن، \m يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يىغىمەن؛ \m ئۇلار ئارىسىدا ئەمالار ۋە توكۇرلار بولىدۇ؛ \m ھامىلىدار ۋە تۇغاي دېگەنلەر بىللە بولىدۇ؛ \m ئۇلار ئۇلۇغ بىر جامائەت بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ.\x + \xo 31:8 \xt يەر. 3‏:18\x* \m \v 9 ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، \m ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئۇلارنى يېتەكلەيمەن؛ \m مەن ئۇلارنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدا، ھېچ پۇتلاشمايدىغان تۈز يول بىلەن يېتەكلەيمەن؛ \m چۈنكى مەن ئىسرائىلغا ئاتا بولىمەن، \m ئەفرائىم بولسا مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.\x + \xo 31:9 \xt مىس. 4‏:22\x* \m \v 10 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئەللەر، \m دېڭىز بويىدىكى يىراق يۇرتلارغا: ــ \m «ئىسرائىلنى تارقاتقۇچى ئۇنى قايتىدىن يىغىدۇ، \m پادا باققۇچى پادىسىنى باققاندەك ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ \m \v 11 چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان، \m ئۇنىڭغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆزىدىن زور كۈچلۈك بولغۇچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان!» ــ دەپ جاكارلاڭلار.\x + \xo 31:11 \xt يەش. 40‏:10؛ 49‏:24،25\x* \m \v 12 ئۇلار كېلىپ زىئوندىكى ئېگىزلىكلەردە شاد-خۇراملىقتا توۋلايدۇ، \m پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىن، يەنى يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن، مال-ۋاراننىڭ قوزىلىرىدىن بەرق ئۇرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ جېنى خۇددى مول سۇغىرىلغان باغدەك بولىدۇ، \m ئۇلار ئىككىنچى ھېچ سولاشمايدۇ.\x + \xo 31:12 \xt يەش. 61‏:11\x* \m \v 13 شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ، \m يىگىتلەر ۋە مويسىپىتلارمۇ تەڭ شۇنداق بولىدۇ؛ \m چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى شاد-خۇراملىققا ئايلاندۇرىمەن؛ \m مەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، دەرد-ئەلىمىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرىمەن. \m \v 14 مەن كاھىنلارنى مولچىلىق بىلەن تويغۇزىمەن، \m خەلقىم ئىلتىپاتىمغا قانائەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m راماھ شەھىرىدە بىر سادا، \m ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ، \m ــ بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ \m چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ.\f □ \fr 31:15 \ft \+bd «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ،..»\+bd* ــ «راماھ» بولسا بەيت-ئەل ۋە بەيت-لەھەم ئارىسىدىكى يېزا؛ ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلە (بالا تۇغقىنىدا) شۇ يەردە ئۆلۈپ كۆمۈلگەنىدى. راھىلە «ئىسرائىل»دىكى ئون قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭ قەبىلىنىڭ ئەجدادى بولغان ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ چوڭ ئاپىسى ئىدى؛ مۇشۇ يەردە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىن (سۈرگۈن بولۇپ) ئەلۋىدا ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يىغلاپ تاشلىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 31:15 \xt مات. 2‏:17،18\x* \m \v 16 پەرۋەردىگار \add ئۇنىڭغا\add* مۇنداق دەيدۇ: ــ يىغا-زارىڭنى توختات، كۆزلىرىڭنى ياشلاردىن تارت؛ چۈنكى مۇنۇ تارتقان جاپايىڭدىن مېۋە بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار دۈشمەننىڭ زېمىنىدىن قايتىدۇ؛ \v 17 بەرھەق، كېلەچىكىڭ ئۈمىدلىك بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە سېنىڭ بالىلىرىڭ يەنە ئۆز چېگرىسىدىن كىرىپ كېلىدۇ. \m \v 18 مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: \m «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ \m ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، \m بىز شۇنىڭ بىلەن توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىمىز، \m چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن؛\f □ \fr 31:18 \ft \+bd «مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، ... چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ئەفرائىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى «مەن»، «مېنى» قاتارلىق ئالماشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ مۇشۇ ئايەتتە ۋە 19-ئايەتتە ئەفرائىم بايان قىلىنغاندا، «مەن» دېگەن سۆزنى «بىز» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. \fp ئىبرانىي تىلىدا «توۋا قىلىش» ۋە «قايتىپ كېلىش» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ھەم خەلقنىڭ توۋا قىلىشىنى ۋە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 31:18 \xt يىغ. 5‏:21\x* \m \v 19 چۈنكى بىز توۋا قىلدۇرۇلۇشىمىز بىلەن ھەقىقەتەن توۋا قىلدۇق؛ \m بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق؛ \m بىز ياشلىقىمىزدىكى \add قىلمىشنىڭ\add* شەرم-ھاياسى تۈپەيلىدىن نومۇس قىلىپ، خىجالەتتە قالدۇق!» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 31:19 \ft \+bd «بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق»\+bd* ــ «يوتىنى ئۇرۇش» دېگەن ھەرىكەت قاتتىق پۇشايمان، قاتتىق خىجالەتنى بىلدۈرەتتى.\f*  \x + \xo 31:19 \xt قان. 30‏:2\x* \m \v 20 ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟ \m چۈنكى مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەردائىم كۆڭلۈمدە سېغىنىمەن؛ \m شۇڭا ئىچ-باغرىم ئۇنىڭغا ئاغرىۋاتىدۇ؛ \m مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىسام بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 21 ــ شۇڭا ئۆزۈڭگە يول بەلگىلىرىنى بېكىتىپ قويغىن؛ \m سەن سۈرگۈنگە ماڭغان يولغا، شۇ كۆتۈرۈلگەن يولغا كۆڭۈل قويۇپ دىققەت قىلغىن؛ \m ھازىر شۇ يول بىلەن قايتىپ كەل، ئى جان-جىگىرىم ئىسرائىل قىزى، \m مۇشۇ شەھەرلىرىڭگە قاراپ قايتىپ كەل! \m \v 22 سەن قاچانغىچە تېنەپ يۈرىسەن، ئى يولدىن چىققۇچى قىزىم؟ \m چۈنكى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: \m ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ!\f □ \fr 31:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ!»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە ئۇ مەسىھنىڭ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \b \m \s1 يەھۇدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ \m \v 23 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە \add يېرۇسالېم توغرۇلۇق\add*: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ. \x + \xo 31:23 \xt يەر. 50‏:7\x* \v 24 شۇ يەردە يەھۇدا ــ شەھەرلىرىدىكىلەر، دېھقانلار ۋە پادا باققۇچى كۆچمەن چارۋىچىلار ھەممىسى بىللە تۇرىدۇ. \v 25 چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن. \m \v 26 ــ مەن \add يەرەمىيا\add* بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن.\f □ \fr 31:26 \ft \+bd «ــ مەن يەرەمىيا بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەت كەلگۈسىدىكى ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ: «ئۇلار شۇ چاغدا: «بىز ھازىر ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىساق، ياخشى ئۇيقۇدىن بەھرىمەن بولدۇق» دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە بەلكىم خۇدانىڭ سۆزى يەرەمىياغا چۈشىدە كەلگەندۇر.\f* \b \m \s1 ئىسرائىل ۋە يەھۇدا قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ \m \v 27 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىدە ۋە يەھۇدا جەمەتىدە ئىنسان نەسلىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى تېرىپ ئۆستۈرىمەن. \v 28 شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئۇلارنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا نەزىرىمنى سالغاندەك، مەن ئۇلارنى قۇرۇش ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا نەزىرىمنى سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \s1 يېڭى ئەھدە \m \v 29 شۇ كۈنلەردە ئۇلار يەنە: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ھېچ ئىشلەتمەيدۇ. \f □ \fr 31:29 \ft \+bd «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئاتا-بوۋىمىز يامان ئىش قىلغان، بىراق بىز ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى، خۇدانىڭ جازاسىنى كۆرىمىز. 30-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 31:29 \xt ئ‍ەز. 18‏:2، 3\x* \v 30 چۈنكى ھەربىرسى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلىدۇ؛ ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ.\f □ \fr 31:30 \ft \+bd «ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ 30-ئايەتتىكى ماقال 29-ئايەتتىكى مەقۇلنىڭ ئەكسىدۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» كىتابىدا ئىزاھلىغىنىمىز («قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، «ئەز.» 12:18 توغرۇلۇق ئېيتىلغان)دەك، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ گۇناھلىرى بالا-ئەۋلادلىرىغا مەلۇم بىر تەسىرى باردۇر، دەپ ئەكس ئېتىدۇ؛ لېكىن خۇدا ھازىر يېڭى ئەھدىنى (31-34نى كۆرۈڭ) ئۇلار بىلەن تۈزمەكچى بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ خۇدا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت-دوستلۇقى بار بولىدۇ، ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.\f* \m \v 31 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ \x + \xo 31:31 \xt ئىبر. 8‏:8\x* \v 32 بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 33 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: \m ــ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، \m ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. \m مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، \m ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.\f □ \fr 31:33 \ft \+bd «شۇ كۈنلەردىن كېيىن»\+bd* ــ بەلكىم خۇدا خەلقىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغاندىن كېيىن.\f*  \x + \xo 31:33 \xt يەر. 24‏:7؛ 30‏:22؛ 31‏:33\x* \m \v 34 شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 31:34 \xt يەش. 54‏:13؛ يەر. 33‏:8؛ مىك. 7‏:18؛ يـۇھ. 6‏:45؛ روس. 10‏:43\x* \b \m \s1 يېڭى ئەھدىگە كاپالەت بېرىش \m \v 35 قۇياشنى كۈندۈزدە نۇر بولسۇن دەپ بەرگەن، ئاي-يۇلتۇزلارنى كېچىدە نۇر بولسۇن دەپ بەلگىلىگەن، دولقۇنلىرىنى شارقىرىتىپ دېڭىزنى قوزغايدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ (ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر): ــ \x + \xo 31:35 \xt يار. 1‏:16؛ يەش. 51‏:15\x* \m \v 36 ــ مۇشۇ بەلگىلىگەنلىرىم مېنىڭ ئالدىمدىن يوقاپ كەتسە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىن بىر ئەل بولۇشتىن مەڭگۈگە قېلىشى مۇمكىن. \v 37 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يۇقىرىدا ئاسمانلار مۆلچەرلەنسە، تۆۋەندە يەر ئۇللىرى تەكشۈرۈلۈپ بىلىنسە، ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ھەممە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ تاشلىغۇچى بولىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \s1 يېرۇسالېم شەھىرى كېڭەيتىلىدۇ \m \v 38 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شەھەر مەخسۇس ماڭا ئاتىلىپ «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن «دوقمۇش دەرۋازاسى»غىچە قايتىدىن قۇرۇلىدۇ؛ \v 39 ئۆلچەم تانىسى قايتىدىن ئۆلچەش ئۈچۈن شۇ يەردىن «گارەب دۆڭى»گىچە، ئاندىن گوئاتقا بۇرۇلۇپ سوزۇلىدۇ؛ \v 40 جەسەتلەر ۋە \add قۇربانلىق\add* كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا، شۇنداقلا كىدرون دەرياسىغىچە ھەم شەرقكە قارايدىغان «ئات دەرۋازىسى»نىڭ دوقمۇشىغىچە ياتقان ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ شەھەر قايتىدىن ھېچ يۇلۇپ تاشلانمايدۇ، ھەرگىز قايتىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانمايدۇ.\f □ \fr 31:40 \ft \+bd «جەسەتلەر ۋە قۇربانلىق كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا»\+bd* ــ مۇشۇ «جىلغا» «ھىننومنىڭ جىلغىسى» (گە-ھىننوم)نى كۆرسىتىدۇ (7-باب، 31-32-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ). بۇ جىلغىغا ئەخلەتلەر ھەم ھەرخىل ناپاك نەرسىلەر تاشلىناتتى. بۇ ئىنتايىن ناپاك، پاسكىنا جىلغىنىڭ كەلگۈسى زاماندا (ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئېيتىلغاندەك) خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس بولىدىغانلىقى ئاجايىب ئىش بولىدۇ. دېمەك، خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل شەھەر ۋە ئۇنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن پاك-مۇقەددەس بولىدۇ. \fp يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئەتراپلىرى بۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن جايلارغا كېڭەيتىلمەكتە. \+bd «جەسەتلەر... تاشلىنىدىغان... جىلغا» .. «كىدرون دەرياسى»... «ئات دەرۋازىسى»\+bd* ــ شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، «كىدرون دەرياسى» شەرقىي تەرىپىگە، «ئات دەرۋازىسى» بولسا بەلكىم شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقانىدى.\f* \b \b \m \c 32 \s1 يەرەمىيا بىر ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئونىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (شۇ يىل نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئىدى؛ \v 2 شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشۇۋالغانىدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغانىدى. \v 3‏-5 چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «نېمىشقا سەن: «مانا، مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ؛ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا كالدىيلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىدۇ، ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدۇ. ئۇ زەدەكىيانى بابىلغا ئاپىرىدۇ، ئۇ مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ تولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ سىلەر كالدىيلەر بىلەن قارشىلاشساڭلارمۇ غەلىبە قىلالمايسىلەر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» ــ دەپ بېشارەت بېرىسەن؟» ــ دەپ ئۇنى قاماپ قويغانىدى). \x + \xo 32:3‏-5 \xt يەر. 34‏:3\x* \v 6 يەرەمىيا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى ــ دېدى: ــ \m \v 7 مانا، تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى ھانامەئەل يېنىڭغا كېلىپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋال؛ چۈنكى ئۇنى سېتىۋېلىشقا سېنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇڭ بار» ــ دەيدىغان بولىدۇ.\f □ \fr 32:7 \ft \+bd «ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، ھەربىر ئىسرائىللىققا بىر پارچە زېمىن تەقسىم قىلىنغان. ئەگەر بۇ زېمىننى ساتماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۆز جەمەتىدىكىلەرگە سېتىۋېلىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك ئىدى؛ ئۇلار بۇ «ھەمجەمەت ھوقۇقى» بويىچە ئۇنى سېتىۋېلىشنى خالمىسا، ئاندىن باشقىلارغا سېتىشقا بولاتتى.\f* \m \v 8 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەل، قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «بىنيامىننىڭ زېمىنىدىكى مېنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋالغايسەن؛ چۈنكى ھەمجەمەت ھوقۇقى سېنىڭكىدۇر؛ ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋال» ــ دېدى؛ ئاندىن مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. \v 9 شۇڭا مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلدىن ئاناتوتتىكى بۇ ئېتىزنى سېتىۋالدىم؛ پۇلنى، يەنى ئون يەتتە شەكەل كۈمۈشنى گىرگە سېلىپ ئۆلچىدىم. \f □ \fr 32:9 \ft \+bd «ئون يەتتە شەكەل كۈمۈش»\+bd* ــ بىر شەكەل 11.4 گرام ئىدى؛ 17 شەكەل 194 گرام ئىدى.\f* \v 10 مەن توختام خېتىگە ئىمزا قويۇپ، ئۈستىگە مۆھۈرنى بېسىپ پېچەتلىدىم؛ بۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ بەرگۈزدۇم، كۈمۈشنى تارازىغا سالدىم؛ \v 11 توختام خېتىنى قولۇمغا ئالدىم، ــ بىرسىدە سودا تۈزۈمى ۋە شەرتلىرى خاتىرىلىنىپ پېچەتلەنگەن، يەنە بىرسى پېچەتلەنمىگەنىدى ــ \v 12 ۋە مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلنىڭ كۆز ئالدىدا، بۇ سودا خېتىگە ئىمزا قويغان گۇۋاھچىلار ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا خەتلەرنى مائاسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇردۇم. \v 13 ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارۇققا مۇنداق تاپىلاپ دېدىم: ــ \v 14 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەتلەرنى، يەنى پېچەتلەنگەن ۋە پېچەتلەنمىگەن بۇ توختام خەتلىرىنى ئېلىپ، بۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانسۇن دەپ ساپال ئىدىش ئىچىگە سالغىن؛ \v 15 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ كەلگۈسىدە بۇ زېمىندا ھەم ئۆيلەر، ھەم ئېتىزلار، ھەم ئۈزۈمزارلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ. \m \v 16 مەن توختام خېتىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ \m \v 17 «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ \f □ \fr 32:17 \ft \+bd «ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساڭا ھېچقانداق ئىش كارامەت ئەمەستۇر».\f* \v 18 سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛ \x + \xo 32:18 \xt مىس. 34‏:7\x* \v 19 ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە \add ئىنئام ياكى جازا\add* قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛ \x + \xo 32:19 \xt ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەش. 28‏:29؛ يەر. 16‏:17؛ 17‏:10\x* \v 20 ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. \v 21 سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛ \x + \xo 32:21 \xt مىس. 6‏:7؛ 2سام. 7‏:23؛ 1تار. 17‏:21\x* \v 22 سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن. \v 23 ئۇلار دەرۋەقە زېمىنغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغان؛ لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىغان، تەۋرات-قانۇنۇڭدا ماڭمىغان؛ ئۇلارغا ئەمر قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان؛ شۇڭا سەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەنسەن. \v 24 مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن. \v 25 لېكىن سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ».\f □ \fr 32:25 \ft \+bd «سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، گەرچە پەرۋەردىگار يەرەمىيا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كۆپ قېتىم يەھۇدغا: «مەن سىلەرنى سۈرگۈن قىلدۈرىمەن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، يەرەمىيا يەنىلا: ««ئاخىرقى مىنۇتتا» يەھۇدانى بابىلدىن قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئويلىدى.\f* \b \m \v 26 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 27 مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟ \f □ \fr 32:27 \ft \+bd «ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماڭا كارامەت چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟».\f*  \x + \xo 32:27 \xt چۆل. 16‏:22\x* \v 28 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەرنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا ۋە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ. \v 29 بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەر ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۈستىدە مېنى غەزەپلەندۈرۈپ بائالغا ئىسرىق ياققان، يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغان. \x + \xo 32:29 \xt يەر. 21‏:10\x* \v 30 چۈنكى ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ياشلىقىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمدا پەقەت رەزىللىكلا قىلىپ كەلمەكتە؛ ئىسرائىللار پەقەتلا ئۆز قوللىرى ياسىغانلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 32:30 \ft \+bd «ياشلىقىدىن تارتىپ...»\+bd* ــ بەلكىم ئىسرائىلنىڭ «ئەل بولغىنىدىن تارتىپ»، يەنى «مىسىردىن چىقىشتىن تارتىپ» دېگەن مەنىدە. بولمىسا «ئېتىزنى ئال» دېگەن سۆزنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ جاۋاب تۆۋەندىكى ئايەتلەردە، ئەلۋەتتە. \+bd «قوللىرى ياسىغانلار»\+bd* ــ دېگەن سۆزلەر ياكى ياسىغان بۇتلارنى ياكى يامان قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 31 چۈنكى بۇ شەھەر قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىمنى شۇنداق قوزغىغۇچى بولۇپ كەلدىكى، مەن ئۇنى ئۆز يۈزۈم ئالدىدىن يوقاتمىسام بولمايدۇ. \v 32 ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن \add شەھەرنى يوقىتىمەن\add*. \v 33 ئۇلار ماڭا يۈزىنى قاراتقان ئەمەس، بەلكى ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تەتۈر قارىغان؛ گەرچە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاڭلىماي تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. \x + \xo 32:33 \xt يەر. 2‏:27؛ 7‏:13،24،25؛ 25‏:3؛ 26‏:5؛ 29‏:19\x* \v 34 ئۇلار ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى سېلىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ \v 35 ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن.\f □ \fr 32:35 \ft \+bd «مولەك»\+bd* ــ ئاممونىيلارنىڭ چوقۇنغان بۇتى.\f*  \x + \xo 32:35 \xt يەر. 19‏:5\x* \m \v 36 سىلەر مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق: «دەرھەقىقەت، ئۇ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئارقىلىق بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ!» ــ دەۋاتىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق ھازىر مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 37 مانا مەن، مەن ئۇلارنى غەزىپىم، قەھرىم ۋە زور ئاچچىقىم بىلەن ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى ئامان-تىنچلىقتا تۇرغۇزىمەن. \x + \xo 32:37 \xt يەر. 23‏:3؛ 29‏:14؛ 31‏:10\x* \v 38 ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. \x + \xo 32:38 \xt يەر. 24‏:7؛ 30‏:22؛ 31‏:1،33\x* \v 39 مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن. \m \v 40 مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن. \v 41 مەن ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ شادلىنىمەن ۋە پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇلارنى مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرغۇزىمەن!\x + \xo 32:41 \xt يەر. 24‏:6؛ ئام. 9‏:15\x* \m \v 42 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن خۇددى بۇ خەلقنىڭ بېشىغا بۇ دەھشەتلىك كۈلپەتنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرگىنىمدەك، مەن ئۇلار توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بارلىق بەخت-بەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ \v 43 سىلەر مۇشۇ زېمىن توغرۇلۇق: «ئۇ ۋەيرانە، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىزدۇر؛ كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان!» دەيسىلەر. لېكىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭدا ئېتىزلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ! \v 44 بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، \add جەنۇبتىكى\add* تاغلىق شەھەرلىرىدە، غەربتىكى «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، \add يەھۇدانىڭ\add* جەنۇبىي باياۋانلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ كىشىلەر قايتىدىن كۈمۈشكە ئېتىزلارنى سېتىۋالىدۇ، توختام خەتلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، مۆھۈرلەپ، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھقا ھازىر قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 33 \s1 پەرۋەردىگار ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، دەپ ئىككىنچى قېتىم ۋەدە قىلىدۇ \m \v 1 يەرەمىيا تېخى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئىشنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار، ئىشنى شەكىللەندۈرگۈچى ھەم ئۇنى بېكىتكۈچى مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نامىمدۇر ــ \f □ \fr 33:2 \ft \+bd «ئىشنى قىلغۇچى»\+bd* ــ نېمە ئىش ئىكەنلىكى بەلكىم كېيىنكى 4-26-ئايەتلەردە تەسۋىرلىنىدۇ.\f* \v 3 ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن. \v 4 چۈنكى \add دۈشمەننىڭ\add* دۆڭ-پوتەيلىرىگە ھەم قىلىچىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىستىھكاملار قىلىش ئۈچۈن چېقىلغان بۇ شەھەردىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىلىرى توغرۇلۇق ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 5 «كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرىۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن. \f □ \fr 33:5 \ft \+bd ««كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەر... پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرىۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر ئايەتتىكى باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك بولىدۇ.\f* \v 6 ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ئۇلارغا چەكسىز ئارامبەخش ھەم ھەقىقەتنى يېشىپ ئايان قىلىمەن. \f □ \fr 33:6 \ft \+bd «ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ...»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، خۇدا يەرەمىياغا ئېيتقان «بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلار» بۇ ئايەتتىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئېچىپ كۆرسىتىلىدۇ.\f* \v 7 مەن يەھۇدانى ھەم ئىسرائىلنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەك قۇرۇپ چىقىمەن. \x + \xo 33:7 \xt يەر. 24‏:6؛ 31‏:4؛ 32‏:44\x* \v 8 مەن ئۇلارنى مەن بىلەن قارشىلىشىپ گۇناھقا پېتىپ سادىر قىلغان بارلىق قەبىھلىكىدىن پاكلاندۇرىمەن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھقا پېتىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرىمەن؛ \x + \xo 33:8 \xt يەر. 31‏:34\x* \v 9 يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپاتنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ \add شەھەر\add* كىشىنى شادلاندۇرۇپ، ئۆزۈمگە مەدھىيەلەرنى قوزغاپ، شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ نام-شۆھرەت ھاسىل قىلىدۇ؛ ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپات ۋە ئارامبەخشلىكتىن \add مەندىن\add* قورقۇپ تىترەيدىغان بولىدۇ. \m \v 10 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مۇشۇ يەر توغرۇلۇق: «ئۇ بىر خارابىلىك، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولدى!» دەيسىلەر ــ دۇرۇس. لېكىن خارابە بولغان، ئادەمزاتسىز، ئاھالىسىز، ھايۋاناتسىز بولغان يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا \v 11 يەنە تاماشىنىڭ ساداسى، شاد-خۇراملىق ساداسى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى»نى ئاپارغانلارنىڭ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەيدىغان ئاۋازلىرى قايتىدىن ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ زېمىندىكى ئاۋاتلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 33:11 \xt يەر. 7‏:34\x* \m \v 12 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ. \f □ \fr 33:12 \ft \+bd «خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ»\+bd* ــ 4-، 10- ۋە بۇ 12-ئايەتتە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا «سەن بىلىپ باقمىغان ھەم بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا كۆرسىتىمەن» دېگەن ۋەدىسى بويىچە، كەلگۈسى زاماندا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان ئۈچ بېشارەت بىزگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.\f* \v 13 \add جەنۇبىي\add* تاغلىقتىكى شەھەرلەردە، \add غەربتىكى\add* يەھۇدانىڭ «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، جەنۇبىي باياۋانلاردىكى شەھەرلەردە، بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدىمۇ قوي پادىلىرى ئۇلارنى سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن قايتىدىن ئۆتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 33:13 \ft \+bd «سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن ئۆتۈش»\+bd* ــ بەلكىم قويلار قوتانغا قايتىپ كىرگەندە، ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنىڭ كەم قالماسلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈشتۇر.\f* \b \m \v 14 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ھەم يەھۇدا جەمەتىگە ئېيتقان شەپقەتلىك ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن.\x + \xo 33:14 \xt يەر. 29‏:10\x* \m \v 15 شۇ كۈنلەر ۋە ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن؛ ئۇ زېمىندا توغرا ھۆكۈم ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. \f □ \fr 33:15 \ft \+bd «... ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا داۋۇت پادىشاھ-پەيغەمبەرگە: «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ» سېنىڭ نەسلىڭدىن چىقىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن (مەسىلەن، «2سام.»، 7-بابنى، زەبۇردىكى 18-، 45- ۋە 72-كۈيلەرنى ھەم مەزكۇر كىتاب 5:23نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 33:15 \xt يەر. 23‏:5\x* \v 16 شۇ كۈنلەردە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، يېرۇسالېم ئارامبەخشتە تۇرىدۇ؛ \add شۇ چاغدا\add* يېرۇسالېم: «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. \m \v 17 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ داۋۇتنىڭ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا لايىق نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، \v 18 ياكى لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلاردىن، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئاشلىق ھەدىيە» ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى مېنىڭ ئالدىمدا دائىم سۇنىدىغان ئادەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.\x + \xo 33:18 \xt يەر. 17‏:26\x* \m \v 19 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 20 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مېنىڭ كۈندۈز بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە كېچە بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنى ئۆز ۋاقتىدا كەلمەيدىغان قىلىپ قويساڭلار، \v 21 شۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز تەختىڭگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر ئوغلۇڭ دائىم بولىدۇ» دېگىنىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ ۋە خىزمەتكارلىرىم، كاھىنلار بولغان لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلغان بولىدۇ. \v 22 ئاسمانلاردىكى قوشۇنلار بولغان يۇلتۇزلارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، دېڭىزدىكى قۇملارنى ئۆلچەپ بولغىلى بولمىغاندەك، مەن قۇلۇم داۋۇتنىڭ نەسلىنى ۋە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنى كۆپەيتىمەن. \b \m \v 23 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 24 بۇ خەلقنىڭ: «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى» دېگىنىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ شۇڭا ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى: «كەلگۈسىدە ھېچ بىر ئەل-دۆلەت بولمايدۇ» دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ. \f □ \fr 33:24 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى...»\+bd* ــ «ئىككى جەمەت» شۈبھىسىزكى، ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى، يەنى خۇدانىڭ پۈتۈن خەلقىنى كۆرسىتىدۇ؛ دېمەك، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۆزىنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن. بەزى ئالىملار «ئىككى جەمەت» «داۋۇت جەمەتى ھەم لاۋىي جەمەتى»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بىزنىڭچە كېيىنكى «مېنىڭ خەلقىمنى ... كۆزگە ئىلمايدۇ» دېگەن ئىبارە ھەم 25-، 26-ئايەتلەر «ياقۇپنىڭ نەسلى»نى، يەنى خۇدانىڭ پۈتۈن خەلقى (ئىسرائىل ۋە يەھۇدا)نى كۆرسەتكەچكە، 24-ئايەتمۇ پۈتۈن خەلقنى كۆرسىتىشى كېرەك.\f* \v 25 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىنى بېكىتكەن ئەھدەم ئۆزگىرىپ كەتسە، ياكى ئاسمان-زېمىندىكى قانۇنىيەتلەرنى بېكىتمىگەن بولسام، \v 26 مەن ياقۇپنىڭ نەسلىدىن ۋە داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى تاشلايدىغان بولىمەن، شۇنىڭدەك ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ نەسلى ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن \add داۋۇتنىڭ\add* نەسلىدىن ئادەم تاللىمايدىغان بولىمەن! چۈنكى بەرھەق، مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىمەن.\x + \xo 33:26 \xt يەر. 31‏:20\x* \b \b \m \c 34 \s1 پەرۋەردىگار زەدەكىياغا شۇم خەۋەر يەتكۈزىدۇ \m \v 1 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، پۈتۈن قوشۇنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنغان بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە جەڭ قىلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ \x + \xo 34:1 \xt 2پاد. 25؛ يەر. 52 \x* \m \v 2 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. \x + \xo 34:2 \xt يەر. 21‏:10؛ 32‏:29\x* \v 3 سەن بولساڭ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ بەلكى سەن تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ كۆزلىرىگە قارايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىسەن ۋە سەن بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ كېتىسەن.\x + \xo 34:3 \xt يەر. 32‏:4\x* \m \v 4 لېكىن، ئى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ تۇغراڭدا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن؛ \v 5 سەن ئامان-تىنچلىقتا ئۆلىسەن؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئۆزۈڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ خۇشبۇي ياققاندەك ئۇلار ئوخشاشلا سەن ئۈچۈنمۇ \add خۇشبۇي\add* ياقىدۇ؛ ئۇلار سەن ئۈچۈن: «ئاھ، شاھىم!» دەپ ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 34:5 \ft \+bd «سەن ئۈچۈن خۇشبۇي ياقىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز بولسا «سەن ئۈچۈن كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكتۇر. خەقلەرنىڭ كۆيدۈرگىنى بولسا، بىزنىڭچە خۇشبۇي بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەۋرات ھەم ئىنجىلدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق-ھەدىيە، نەزىر-چىراغنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، دەپ كۆرسىتىلىدۇ.\f* \m \v 6 ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغا يېرۇسالېمدا ئېيتتى. \v 7 شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدا ۋە يەھۇدادىكى قالغان شەھەرلەردە، يەنى لاقىشتا ۋە ئازىكاھتا جەڭ قىلىۋاتاتتى؛ چۈنكى يەھۇدادىكى مۇستەھكەم شەھەرلەر ئارىسىدىن پەقەت بۇلارلا ئىشغال بولمىغانىدى. \b \m \s1 ئۆز قۇللىرىغا ئۇۋال قىلغانلارغا ئاگاھ بېرىش \m \v 8 پادىشاھ زەدەكىيا \add قۇللىرىمىزغا\add* ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى \f □ \fr 34:8 \ft \+bd «ئەھدىنى كېسىپ تۈزۈش»\+bd* ــ كونا زامانلاردا ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن ئەھدە تۈزمەكچى بولسا، ئاۋۋال كالا ياكى قوينى سويۇپ، نىمتە (ئىككى پارچە) قىلىپ پارچىلايتتى؛ ئاندىن ئىككى تەرەپ سويۇپ ئىككى پارچە قىلغان مالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەڭ ئۆتۈپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلاتتى. بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم: «قايسىمىز ئەھدىنى بۇزساق، خۇدا ئۇنى بۇ سويغان مالغا ئوخشاش قىلسۇن!» دېمەكلىكتۇر. 18-20-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 34:8 \xt مىس. 21‏:2\x* \v 9 (ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ئەر بولسۇن، قىز-ئايال بولسۇن، قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. \f □ \fr 34:9 \ft \+bd «ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ... قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ ئەھدە پەقەت بۇ ئەمىرلەرگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تۈزۈلگەنىدى. قەھەتچىلىك بولغان ۋاقىتتا، ئۆز قۇللىرىغا ئوزۇق بېرىش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، قۇللىرىنى كەتكۈزىۋېتەتتى.\f* \v 10 ئەھدىگە قوشۇلغان بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق شۇنىڭغا، يەنى ھەرقايسىمىز ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى قويۇۋېتەيلى، ئۇلارنى قۇللۇقتا قالدۇرۇۋەرمەيلى دېگەن سۆزىگە بويسۇندى. ئۇلار بويسۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى. \v 11 لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى. ئۇلار بۇلارنى قايتىدىن مەجبۇرىي قۇل-دېدەك قىلىۋالدى).\f □ \fr 34:11 \ft \+bd «لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى... قۇل-دېدەك قىلىۋالدى»\+bd* ــ بۇ ۋەقە بابىلنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشىۋېلىشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىپ مىسىر بىلەن جەڭ قىلىشقا كەتكەن ۋاقتىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمىرلەر ۋە خەلق بەلكىم خەتەرلىك پەيت بىزدىن ئۆتۈپ كەتتى، خۇدادىن قورقىۋېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، دېيىشى مۇمكىن ئىدى. 21-22-ئايەتلەرنى 35-باب، 5-7-ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.\f* \m \v 12 ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 13 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ئۆيى»دىن چىقارغىنىمدا، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدىم؛ \v 14 \add شۇ ئەھدە بويىچە\add* ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان. \x + \xo 34:14 \xt مىس. 21‏:2؛ قان. 15‏:12\x* \v 15 لېكىن سىلەر بولساڭلار، \add شۇ يامان يولدىن\add* يېنىپ، كۆز ئالدىمدا دۇرۇس ئىشنى كۆرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىغا «ئازاد بول» دەپ جاكارلىدىڭلار، شۇنىڭدەك ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە ئەھدە تۈزۈدىڭلار؛ \v 16 لېكىن سىلەر يەنە يېنىپ مېنىڭ نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز رايىغا قويۇۋەتكەن قۇلنى ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن دېدەكنى قايتۇرۇۋېلىپ قايتىدىن ئۆزۈڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار. \m \v 17 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن. \x + \xo 34:17 \xt قان. 28‏:25؛ يەر. 15‏:4؛ 24‏:9،10\x* \v 18 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەھدەمنى بۇزغان، كۆز ئالدىمدا كېسىپ تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى سويۇپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن ھېلىقى موزايدەك قىلىمەن؛ \v 19 يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمىرلىرى، ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، كاھىنلار، شۇنىڭدەك موزاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن بارلىق خەلقنى بولسا، \v 20 مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ؛ \x + \xo 34:20 \xt يەر. 7‏:33؛ 16‏:4؛ 19‏:7\x* \v 21 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا، شۇنداقلا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چىكىنىپ تۇرغان بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. \x + \xo 34:21 \xt يەر. 37‏:11\x* \v 22 مانا، مەن ئەمر قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ۋە ئۇلار بۇ شەھەر ئالدىغا يەنە كېلىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ۋە مەن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيرانە، ھېچ ئادەمزاتسىز قىلىمەن. \b \b \m \c 35 \s1 يەھۇدانىڭ ۋاپاسىزلىقى، رەكابىيلارنىڭ ۋاپادارلىقى \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا سۆز كېلىپ: ــ \f □ \fr 35:1 \ft \+bd «يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە»\+bd* ــ بۇ ۋەقە زەدەكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، يەنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان بېشارەتلەردىن ئىلگىرى بولغانىدى، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 2 «رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇنىڭ كىچىك ئۆيلىرىنىڭ بىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا شاراب تۇتقىن» ــ دېيىلدى. \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن مەن خاباززىنىيانىڭ نەۋرىسى، يەرەمىيانىڭ ئوغلى جائازانىيانى، ئۇنىڭ ئۇكىلىرىنى ۋە بارلىق بالا-چاقىلىرىنى، شۇنىڭدەك رەكابنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئېلىپ كېلىشكە چىقتىم؛ \v 4 مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، ئىگدالىيانىڭ ئوغلى، خۇدانىڭ ئادىمى بولغان ھاناننىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەلىك ئۆيگە ئاپاردىم؛ بۇ ئۆي ئەمىرلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، ئىشىكباقار مائاسېياھنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ \v 5 مەن رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا شارابقا لىق تولغان پىيالىلەر ۋە قەدەھلەرنى قويۇپ ئۇلارغا: «شارابقا ئېغىز تېگىڭلار!» ــ دېدىم. \m \v 6 ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: «بىز شارابنى ئىچمەيمىز؛ چۈنكى ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يوناداب بىزگە: «سىلەر ۋە ئوغۇل-ئەۋلادلىرىڭلار زادى شاراب ئىچمەڭلار؛ \v 7 يەنە كېلىپ ئۆيلەرنى قۇرماڭلار، نە ئۇرۇق تېرىماڭلار، نە ئۈزۈمزارلارنى تىكمەڭلار، نە بۇلاردىن ھېچقايسىسىغا زادى ئىگە بولماڭلار؛ بارلىق كۈنلىرىڭلاردا چېدىرلاردا تۇرۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر» ــ دەپ ئەمر قالدۇرغان. \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ: «بارلىق كۈنۈڭلەردە زادى شاراب ئىچمەڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ھەم ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۇنىڭ ئەمرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ كەلگەنمىز؛ \v 9 بىز يەنە تۇرغۇدەك ئۆيلەرنى سالمىغان؛ بىزدە ھېچ ئۈزۈمزار، ئېتىز، ئۇرۇق دېگەنلەر يوق؛ \v 10 بەلكى بىز چېدىرلاردا تۇرۇپ كەلدۇق، ئەجدادىمىز يونادابنىڭ بىزگە بارلىق ئەمر قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلدۇق.\f □ \fr 35:10 \ft \+bd «بىز چېدىرلاردا تۇرۇپ كەلدۇق، ئەجدادىمىز يونادابنىڭ بىزگە بارلىق ئەمر قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلدۇق»\+bd* ــ جەمئىي بولۇپ 250 يىللىق مەزگىل ئىچىدە. «رەكابنىڭ ئوغلى يوناداب» بەلكىم «2پاد.» 15:10دە تىلغا ئېلىنغان «رەكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب» بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 11 لېكىن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زېمىنغا بېسىپ كىرگەندە، شۇنداق ئىش بولدىكى، بىز: «بارايلى، كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ھەم سۇرىيەنىڭ قوشۇنىدىن قېچىپ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرەيلى» ــ دېدۇق. مانا شۇ سەۋەبتىن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز». \m \v 12 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 13 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ بۇنىڭدىن تەربىيە ئالمامسىلەر، شۇنىڭدەك مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 14 ــ مانا، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئوغۇل-پەرزەنتلىرىگە «شاراب ئىچمەڭلار» دەپ تاپىلىغان سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن؛ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار ھېچ شاراب ئىچىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان. لېكىن مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىلەرگە سۆز قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، سىلەر ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر. \x + \xo 35:14 \xt يەر. 11‏:7؛ 25‏:3؛ 26‏:5؛ 29‏:19؛ 32‏:33\x* \v 15 مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىرىڭلار ھازىر ئۆز رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىپ، قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ چوقۇنماڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر» دەپ كەلگەنمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىغانسىلەر. \x + \xo 35:15 \xt يەر. 18‏:11؛ 25‏:5\x* \v 16 بەرھەق، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تاپىلىغان ئەمرىگە ئەمەل قىلغان؛ لېكىن بۇ خەلق ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغاندۇر. \v 17 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھەم يېرۇسالېمنىڭ ئۈستىگە مەن ئالدىنئالا ئېيتقان بارلىق بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا سۆز قىلغان، لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىغان؛ مەن ئۇلارنى چاقىرغان، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىگەن». \m \v 18 ئاندىن يەرەمىيا رەكاب جەمەتىگە مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئاتاڭلار يونادابنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، بارلىق يوليورۇقلىرىنى تۇتۇپ، سىلەرگە تاپىلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنسىلەر، ــ \v 19 ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ نەسلىدىن ئالدىمدا خىزمەت قىلغۇچى ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.\f □ \fr 35:19 \ft \+bd «رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ نەسلىدىن ئالدىمدا خىزمەت قىلغۇچى ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ خۇدا ئالدىدا نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن ئەمەس؛ ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ كېيىنكى خاتىرىلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىبادەتخانىدا قۇربانگاھتا ئوت ئۈچۈن ئوتۇن ئېلىپ بېرىش خىزمىتى بار ئىدى. رەكابىيلار توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 36 \s1 پادىشاھ يەھوئاكىم بېشارەت خاتىرىلەنگەن ئورام يازمىنى كۆيدۈرىدۇ \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى سۆز كەلدى: ــ \m \v 2 ئۆزۈڭگە ئورام قەغەز ئالغىن؛ ئۇنىڭغا يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە ساڭا سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەن ئىسرائىلنى ئەيىبلىگەن، يەھۇدانى ئەيىبلىگەن ھەم بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن، ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغىن. \x + \xo 36:2 \xt يەش. 8‏:1؛ يەر. 30‏:2\x* \v 3 يەھۇدانىڭ جەمەتى بەلكىم مەن بېشىغا چۈشۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتنى ئاڭلاپ، ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. \v 4 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى چاقىردى؛ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئورام قەغەزگە يېزىپ بەردى. \v 5 يەرەمىيا بارۇققا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ ئۆزۈم قاماپ قويۇلغانمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە رۇخسەت يوق؛ لېكىن ئۆزۈڭ بېرىپ كىرگىن؛ \v 6 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە روزا تۇتقان بىر كۈنىدە، سەن ئاغزىمدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ يازغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن؛ ھەممە شەھەرلەردىن كەلگەن يەھۇدادىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزگىن. \v 7 ئۇلار بەلكىم پەرۋەردىگار ئالدىغا دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلققە ئاگاھلاندۇرغان غەزىپى ۋە قەھرى دەھشەتلىكتۇر. \v 8 نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ جاكارلىدى.\f □ \fr 36:8 \ft \+bd «نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ جاكارلىدى»\+bd* ــ بارۇقنىڭ چوڭ ئاتىسى مائاسېياھ يېرۇسالېمنىڭ شەھەر باشلىقى بولغانىدى (12:32نى ھەم «2تار.» 8:34نى كۆرۈڭ). ئۇ مۇشۇ ئىشنى قىلغاندا بەلكىم ئۆزىنىڭ جېنىنى ۋە كېلەچىكىنى تەۋەككۈل قىلغان. ئۇنىڭ يەرەمىياغا ھەمراھ بولۇشنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن 45-بابنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 9 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان بەشىنچى يىلى توققۇزىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ھەمدە يەھۇدا شەھەرلىرىدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا كەلگەن بارلىق خەلق ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر مەزگىل روزا تۇتۇشىمىز كېرەك دەپ ئېلان قىلىندى. \v 10 شۇ ۋاقىت بارۇق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى؛ بۇ ئۆي پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى ھويلىسىدىكى «يېڭى دەرۋازا»غا جايلاشقانىدى. \f □ \fr 36:10 \ft \+bd «پۈتۈكچى شافان»\+bd* ــ شافان توغرۇلۇق «1پاد.» 22-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «يۇقىرىقى ھويلا»\+bd* ــ بولسا «1پاد.» 36:6 ھەم 12:7دە «ئىچكى ھويلا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. «يېڭى دەرۋازا» «يەر.» 10:26دە تىلغا ئېلىنغان. شۈبھىسىزكى، بارۇق شۇ يەردە تۇرۇپ يەرەمىيانىڭ سۆزىنى ئوقۇيتتى، بارلىق خەلق ئاڭلىيالايتتى.\f* \v 11 شافاننىڭ نەۋرىسى، گەمارىيانىڭ ئوغلى مىكاھ بولسا يازمىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالدى. \v 12 ئاندىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ پۈتۈكچىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، مانا، ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئولتۇراتتى؛ پۈتۈكچى ئەلىشاما، شېمايانىڭ ئوغلى دېلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيا ۋە ھانانىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيا قاتارلىق بارلىق ئەمىرلەر شۇ يەردە ئولتۇراتتى. \v 13 شۇنىڭ بىلەن مىكاھ بارۇقنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغان بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارغا بايان قىلدى. \v 14 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمىرلەر كۇشىنىڭ چەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىينى بارۇقنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «سەن خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان ئورام يازمىنى قولۇڭغا ئېلىپ يېنىمىزغا كەل» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. \v 15 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئولتۇر، ئۇنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ بەر» ــ دېدى. بارۇق ئۇنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ ئوقۇدى. \b \m \v 16 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ: «بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ» ــ دېدى. \v 17 ئاندىن بارۇقتىن: «بىزگە دېگىن ئەمدى، سەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق يازدىڭ؟ ئۇلارنى يەرەمىيانىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. \m \v 18 بارۇق ئۇلارغا: «ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ئېيتتى، مەن ئورام قەغەزگە سىياھ بىلەن يازدىم» ــ دېدى. \m \v 19 ئەمىرلەر بارۇققا: «بارغىن، سەن ۋە يەرەمىيا مۆكۈۋېلىڭلار. قەيەردە بولساڭلار ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار» ــ دېدى. \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورام يازمىنى پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. \m \v 21 پادىشاھ يەھۇدىينى يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئۇ ئۇنى ئەلىشامانىڭ ئۆيىدىن ئېپكەلدى. يەھۇدىي ئۇنى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ۋە پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى. \v 22 شۇ چاغ توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، پادىشاھ «قىشلىق ئۆي»ىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت قالاقلىق ئىدى. \v 23 شۇنداق بولدىكى، يەھۇدىي ئۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت سەھىپىنى ئوقۇغاندا، پادىشاھ قەلەمتىراشى بىلەن بۇ قىسمىنى كېسىپ، يازمىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئوتتا كۆيۈپ يوقىغۇچە ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىدى. \f □ \fr 36:23 \ft \+bd «قەلەمتىراش بىلەن كېسىش»\+bd* ــ ئادەتتە بۇ سايماننى دىۋانبېگى ياكى پۈتۈكچى «ئورام يازمىلار»نى ياساپ تەييارلاشقا ئىشلىتەتتى. مۇشۇ يەردە ئەكسىچە قىممەتلىك بىر ئورام يازمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.\f* \v 24 لېكىن بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياكى خىزمەتكارلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قورقمىدى، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقانلار يوق ئىدى. \v 25 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلناتان، دېلايا ۋە گەمارىيالار پادىشاھتىن ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكىنى ئۆتۈنگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. \v 26 پادىشاھ بولسا شاھزادە يېراھمەئەل، ئازرىئەلنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە ئابدەئەلنىڭ ئوغلى شەلەمىيانى پۈتۈكچى بارۇقنى ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قولغا ئېلىشقا ئەۋەتتى؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ ساقلىدى. \b \m \s1 ئىككىنچى ئورام يازما \m \v 27 پادىشاھ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يازغان سۆزلەرنى خاتىرىلىگەن ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 28 يەنە بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم كۆيدۈرۈۋەتكەن بىرىنچى ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن بارلىق سۆزلەرنى يازغىن. \v 29 ۋە يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن بۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ ۋە مېنىڭ توغرۇلۇق: سەن بۇنىڭغا: «بابىل پادىشاھى چوقۇم كېلىپ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىنساننى ھەم ھايۋاننى يوقىتىدۇ» ــ دەپ يېزىشقا قانداقمۇ پېتىندىڭ؟» ــ دېدىڭ. \v 30 شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ھېچ ئادەم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ جەسىتى سىرتقا تاشلىۋېتىلىپ كۈندۈزدە ئىسسىقتا، كېچىدە قىراۋدا ئوچۇق ياتىدۇ. \x + \xo 36:30 \xt يەر. 22‏:19\x* \v 31 مەن ئۇنىڭ ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ بېشىغا قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ھەم يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۈستىگە مەن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغان بارلىق كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان. \v 32 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا باشقا بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇققا بەردى؛ ئۇ يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى؛ ئۇلار بۇ سۆزلەرگە ئوخشايدىغان باشقا كۆپ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ يازدى.\f □ \fr 36:32 \ft \+bd «ئۇ يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى»\+bd* ــ بىرىنچى «ئورام يازما»نىڭ مەزمۇنى بەلكىم «يەرەمىيا»دىكى 1-20-بابلار ئىدى.\f* \b \b \m \c 37 \s1 زەدەكىيا پادىشاھ بولغان چاغدىكى بەزى ۋەقەلەر ــ كىرىش سۆز \m \v 1 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى يەھۇدانىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيانىڭ ئورنىغا ھۆكۈم سۈرىدى. \f □ \fr 37:1 \ft \+bd «كونىيا»\+bd* ــ «يەكونىياھ»نىڭ باشقا بىر ئاتىلىشى.\f* \v 2 ئۇ، ياكى خىزمەتكارلىرى، ياكى زېمىندىكى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىگە ھېچ قۇلاق سالمىدى. \b \m \s1 زەدەكىيا خۇدادىن ياردەم تىلەيدۇ \m \v 3 پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى \v 4 (شۇ چاغدا يەرەمىيا زىنداندا قاماقلىق ئەمەس ئىدى؛ ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ-كىرىشكە ئەركىن ئىدى. \v 5 پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى).\f □ \fr 37:5 \ft \+bd «پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى»\+bd* ــ شۇ ۋەقە بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرى 588-يىلى بولغانىدى؛ «پىرەۋن» مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-خوفرانى كۆرسىتىدۇ (30:44نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 37:5 \xt يەر. 34‏:21\x* \m \v 6 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ \m \v 7 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى ماڭا ئىلتىجا قىلدۇرۇپ ئىزدەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدا پادىشاھىغا مۇنداق دەڭلار: ــ مانا، سىلەرگە ياردەم بېرىمىز دەپ چىقىپ كەلگەن پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولسا، ئۆز زېمىنىغا، يەنى مىسىرغا قايتىپ كېتىدۇ. \v 8 ئاندىن كالدىيلەر بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ، ئۇنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. \v 9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ: «كالدىيلەر بىزدىن چېكىنىپ كەتكەن» ــ دېمەڭلار؛ ئۇلار كەتكەن ئەمەس! \v 10 چۈنكى گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلارغا جەڭ قىلىدىغان كالدىيلەرنىڭ تولۇق قوشۇنىنى ئۇرۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ ۋە ئۇلارنىڭكىدىن پەقەت يارىلانغانلارلا قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنىلا ئۆز چېدىرىدىن تۇرۇپ بۇ شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى. \b \m \s1 يەرەمىيا قولغا ئېلىنىپ ئەرز قىلىنىدۇ \m \v 11 پىرەۋننىڭ قوشۇنى تۈپەيلىدىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا، شۇ ۋەقە يۈز بەردى: ــ \m \v 12 يەرەمىيا بىنيامىندىكى زېمىنغا يول ئېلىپ، شۇ يەردىكى يۇرتداشلىرى ئارىسىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىن چىققاندا، \v 13 ئۇ «بىنيامىن دەرۋازىسى»غا يەتكەندە، ھانانىيانىڭ نەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئوغلى كۆزەت بېگى ئىرىيا شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇ: «سەن كالدىيلەرگە چېكىنىپ تەسلىم بولماقچىسەن!» دەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. \v 14 يەرەمىيا: «يالغان! مەن كالدىيلەر تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولماقچى ئەمەسمەن!» ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئىرىيا يەرەمىيانى قولغا ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەر ئالدىغا ئاپاردى. \m \v 15 ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى قاماقخانىغا سولىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ ئۆينى زىندانغا ئايلاندۇرغانىدى. \f □ \fr 37:15 \ft \+bd «ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ،...»\+bd* ــ مۇشۇنداق رەزىللىك قىلغان ئەمىرلەر زەدەكىيا پادىشاھلىقىدىكى ئەمىرلەر ئىدى. 36-بابتا كۆرسىتىلگەن، خۇدادىن قورققان ياخشى ئەمىرلەر بولسا، يەھوئاكىم پادىشاھلىقىدىكى ئەمىرلەر ئىدى؛ بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرىلا ئۇلار يەكونىياھ پادىشاھ بىلەن بىللە (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى) بابىلغا سۈرگۈن بولغانىدى.\f* \v 16 يەرەمىيا زىنداندىكى بىر گۇندىخانىغا قامىلىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر ياتقاندىن كېيىن، \v 17 زەدەكىيا پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شۇ يەردىن ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاستىرتىن ئۇنىڭدىن: «پەرۋەردىگاردىن سۆز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. يەرەمىيا: «بار؛ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن» ــ دېدى. \m \v 18 يەرەمىيا زەدەكىيا پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ «مەن ساڭا ياكى خىزمەتكارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە گۇناھ قىلغىنىمغا، بۇ زىندانغا قاماپ قويدۇڭلار؟ \v 19 سىلەرگە بېشارەت بېرىپ: «بابىل پادىشاھى ساڭا ياكى بۇ زېمىنغا جەڭ قىلىشقا چىقمايدۇ!» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار قېنى؟» ــ دېدى \m \v 20 ــ «ئەمدى ئى پادىشاھ تەقسىر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن؛ ئىلتىجايىم ئالدىڭدا ئىجابەت بولسۇن، دەپ ئۆتۈنىمەن؛ دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىگە مېنى قايتقۇزمىغايسەن؛ سەن ئۇنداق قىلساڭ، شۇ يەردە ئۆلىمەن». \m \v 21 زەدەكىيا پادىشاھ پەرمان چۈشۈرۈپ، يەرەمىيانى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇرغۇزۇشنى، شۇنىڭدەك شەھەردىكى ھەممە نان تۈگەپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭغا ھەركۈنى «ناۋاي كوچىسى»دىن بىر نان بېرىلىشنى تاپىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.\x + \xo 37:21 \xt يەر. 32‏:2\x* \b \b \m \c 38 \s1 يەرەمىيا خائىن دەپ ئەرز قىلىنىپ سۇ ئازگىلىغا تاشلىنىدۇ \m \v 1 ماتتاننىڭ ئوغلى سەفاتىيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گەدالىيا، شەمەلىيانىڭ ئوغلى جۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرلار بولسا يەرەمىيانىڭ خەلققە: ــ \v 2 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان ئادەملەر بولسا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىمكى چىقىپ كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا ھايات قالىدۇ؛ جېنى ئۆزىگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ ئۇ ھايات قالىدۇ. \x + \xo 38:2 \xt يەر. 21‏:9\x* \v 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دەۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. \m \v 4 ئەمىرلەر پادىشاھقا: «سىلىدىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ چۈنكى نېمىشقا ئۇنىڭ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان جەڭگىۋار لەشكەرلەرنىڭ قوللىرىنى ۋە خەلقنىڭ قوللىرىنى ئاجىز قىلىشىغا يول قويۇلسۇن؟ چۈنكى بۇ ئادەم خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى زىيىنىنى ئىزدەيدۇ» ــ دېدى. \m \v 5 زەدەكىيا پادىشاھ: «مانا، ئۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلدى؛ سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى توسقۇدەك مەن پادىشاھ قانچىلىك بىر ئادەم ئىدىم؟» ــ دېدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدىكى شاھزادە مالكىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇلار يەرەمىيانى ئارغامچىلار بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەردى؛ ئازگالدا بولسا سۇ بولماي، پەقەت پاتقاقلا بار ئىدى؛ يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ كەتتى. \b \m \s1 ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات يەرەمىيانى ئازگالدىن قۇتقۇزىدۇ \m \v 7 ئەمما پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى بىر ئاغۋات ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى (شۇ چاغدا پادىشاھ بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دا ئولتۇراتتى). \f □ \fr 38:7 \ft \+bd «بىر ئاغۋات ئېفىئوپىيەلىك»\+bd* ــ «ئاغۋات» دېگەن بۇ سۆز بەزىدە پەقەت «ئەمەلدار»نىلا بىلدۈرىدۇ.\f* \v 8 ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: \v 9 «ئى پادىشاھىئالەم، بۇ ئادەملەرنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بارلىق قىلغىنى، ئۇنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتكىنى ئىنتايىن ئەسەبىي رەزىللىكتۇر؛ ئۇ ئاشۇ يەردە قەھەتچىلىكتىن ئۆلۈپ قالىدۇ؛ چۈنكى شەھەردە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىدى» ــ دېدى. \m \v 10 پادىشاھ ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە بۇيرۇق بېرىپ: «مۇشۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۇ ئازگىلىدىن ئېلىپ چىقارغىن» ــ دېدى. \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى ئېلىپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىرىپ شۇ يەردىن لاتا-پۇتا ۋە جۇل-جۇل كىيىملەرنى ئېلىپ، شۇلارنى تانىلار بىلەن ئازگالغا، يەرەمىيانىڭ يېنىغا چۈشۈرۈپ بەردى. \v 12 ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: ــ بۇ لاتا-پۇتا ۋە جونداق كىيىملەرنى قولتۇقلىرىڭ ھەم تانىلار ئارىسىغا تىقىپ قويغىن ــ دېدى. يەرەمىيا شۇنداق قىلدى. \v 13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تانىلار بىلەن تارتىپ، سۇ ئازگىلىدىن چىقاردى؛ يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. \b \m \s1 زەدەكىيا ئاستىرتىن مەسلىھەت سورايدۇ، يەرەمىيا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 14 پادىشاھ زەدەكىيا ئادەم ئەۋەتىپ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچىنچى كىرىش ئىشىكىگە، ئۆز يېنىغا ئاپارغۇزدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: ــ مەن سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن؛ ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن ــ دېدى. \m \v 15 يەرەمىيا زەدەكىياغا: «مەن ئۇنى ساڭا ئايان قىلسام، سەن مېنى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمامسەن؟ مەن ساڭا مەسلىھەت بەرسەم، سەن ئاڭلىمايسەن!» ــ دېدى. \m \v 16 پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا ئاستىرتىن قەسەم ئىچىپ ئۇنىڭغا: «بىزگە جان-تىنىق ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، مەن سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، ياكى سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچى كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرمايمەن» ــ دېدى.\x + \xo 38:16 \xt يەش. 57‏:16\x* \m \v 17 يەرەمىيا زەدەكىياغا: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئىختىيارەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ تەسلىم بولساڭ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ ۋە بۇ شەھەر ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلمەيدۇ؛ سەن ۋە ئۆيدىكىلىرىڭ ھايات قالىسىلەر. \v 18 لېكىن سەن چىقىپ بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىگە تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن ــ دېدى. \m \v 19 پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا: «مەن كالدىيلەرگە چىقىپ تەسلىم بولغان يەھۇدىيلاردىن قورقىمەن؛ كالدىيلەر بەلكىم مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى، ئۇلار مېنى قىيىن-قىستاق قىلىشى مۇمكىن» ــ دېدى. \m \v 20 يەرەمىيا مۇنداق دېدى: ــ ئۇلار سېنى تاپشۇرمايدۇ. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، گېپىمگە كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغايسەن؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولىدۇ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ. \v 21 لېكىن سەن چىقىپ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ئىش مۇنداق: ــ \v 22 مانا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق قىز-ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ \add قىز-ئاياللار\add* ساڭا \add تەنە قىلىپ\add*: «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ سېنى ئېزىقتۇردى؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلدى؛ ئەمدى ھازىر پۇتلىرىڭ پاتقاققا پىتىپ كەتكەندە، ئۇلار يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئارقىسىنى قىلدى!» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 38:22 \ft \+bd «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ سېنى ئېزىقتۇردى»\+bd* ــ «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ» پادىشاھنىڭ «مەسلىھەتچى»لىرى ھەم «پەيغەمبەرلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنى «مىسىرغا ئىتتىپاقداش بولۇپ بابىلغا ئىسيان كۆتۈرەيلى» دەپ ئازدۇرۇپ بالايىئاپەتنى كەلتۈرگەنىدى.\f* \v 23 سېنىڭ بارلىق ئاياللىرىڭ ھەم بالىلىرىڭ كالدىيلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ چۈنكى سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن تۇتۇۋېلىنىسەن، شۇنداقلا سەن بۇ شەھەرنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىشىگە سەۋەبچى بولىسەن. \m \v 24 زەدەكىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بۇ سۆھبىتىمىزنى باشقا ھېچكىمگە چاندۇرمىغىن، شۇندىلا سەن ئۆلمەيسەن. \f □ \fr 38:24 \ft \+bd «چاندۇرمىغىن ...سەن ئۆلمەيسەن»\+bd* ــ بەلكىم پادىشاھ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «مىسىرغا ئىتتىپاقداش بولايلى» دېگەن ئەمىرلەر بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ قالسا يەرەمىيانى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن، دېمەكچى.\f* \v 25 ئەمىرلەر مېنىڭ سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمنى ئاڭلاپ يېنىڭغا كېلىپ سەندىن: «سېنىڭ پادىشاھقا نېمە دېگەنلىرىڭنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ساڭا قانداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىزگە ئېيت؛ ئۇنى بىزدىن يوشۇرما؛ شۇنداق قىلساڭ بىز سېنى ئۆلتۈرمەيمىز» دېسە، \v 26 ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا: «مەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا: «مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتقۇزمىغايسەن، بولمىسا، مەن شۇ يەردە ئۆلىمەن» ــ دېگەن ئىلتىجايىمنى قويغانمەن» ــ دەيسەن. \m \v 27 دەرۋەقە ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنى سورىدى؛ ئۇ ئۇلارغا پادىشاھ بۇيرۇغان بۇ بارلىق سۆزلەر بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىمىپ كېتىپ ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ ئىش ھېچكىمگە چاندۇرۇلمىغانىدى. \v 28 شۇنداق قىلىپ يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. \b \b \m \c 39 \s1 يېرۇسالېمنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ۋە كېيىنكى ۋەقەلەر \m \v 1 يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغاندا تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئايدا، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ۋە بارلىق قوشۇنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كېلىپ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ \x + \xo 39:1 \xt 2پاد. 25‏:1؛ يەر. 52‏:4\x* \v 2 زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە، ئۇلار شەھەر سېپىلىدىن بۆسۈپ كىردى. \v 3 شۇنىڭ بىلەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى، يەنى سامگارلىق نەرگال-شارەزەر، باش خەزىنىچى نېبۇ-سارسېقىم، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھلىقىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى كىرىپ «ئوتتۇرا دەرۋازا»دا ئولتۇردى.\f □ \fr 39:3 \ft \+bd «باش خەزىنىچى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «راب-سارىس» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى بىزگە نامەلۇم، «باش خەزىنىچى» بىزنىڭ پەرزىمىز. \+bd ««ئوتتۇرا دەرۋازا»دا ئولتۇردى»\+bd* ــ كونا زامانلاردا شەھەر دەرۋازىسى ئەمەلدارلار ياكى مۆتىۋەرلەر سوت قىلىدىغان، ھۆكۈم چىقىرىدىغان جاي ئىدى.\f* \m \v 4 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ باغچىسى ئارقىلىق، «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن چىقىپ \add ئىئوردان جىلغىسىدىكى\add* «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»گە قاراپ قېچىشتى. \v 5 كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشىپ ئۇنى قولغا ئېلىپ خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. \m \v 6 بابىل پادىشاھى رىبلاھ شەھىرىدە زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى يەھۇدادىكى بارلىق مۆتىۋەرلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. \v 7 ئۇ زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ، ئۇنى بابىلغا ئاپىرىش ئۈچۈن مىس كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قويدى. \v 8 كالدىيلەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى كۆمۈرۈپ تاشلىدى. \v 9 شاھانە قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان شەھەردە قېلىپ قالغان باشقا خەلقنى، ئۆزىگە تەسلىم بولۇپ چىققانلارنى، يەنى قالغان خەلقنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. \v 10 ھالبۇكى، قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدا زېمىنىدا ھېچ تەۋەلىكى بولمىغان بەزى نامراتلارنى قالدۇردى؛ شۇ چاغدا ئۇ ئۇلارغا ئۈزۈمزارلار ۋە ئېتىزلارنى تەقسىملەپ بەردى. \m \v 11‏-12 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەرەمىيا توغرۇلۇق قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق: «ئۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئال؛ ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزمە؛ ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى ئۇنىڭغا قىلىپ بەر» ــ دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى. \m \v 13 شۇڭا قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان، شۇنداقلا باش خەزىنىچى نېبۇشازبان، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا باش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋەتىپ \f □ \fr 39:13 \ft \+bd «باش خەزىنىچى نېبۇشازبان»\+bd* ــ 3-ئايەتتە «نېبۇ-سارسېقىم» ئىسىملىك يەنە بىر «باش خەزىنىچى» تىلغا ئېلىنىدۇ.\f* \v 14 يەرەمىيانى «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دىن ئېلىپ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغۇزدى. لېكىن يەرەمىيا پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى.\f □ \fr 39:14 \ft \+bd «شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «شافان» 10:36-11دە تىلغا ئېلىنغان «شافان» بولۇشى مۇمكىن. قارىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەرەمىياغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن. \+bd «يەرەمىيانى ... ئېلىپ .. گەدالىيانىڭ ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىشى ئۈچۈن ...»\+bd* ــ ئالىملارنىڭ بۇ ئايەتتىكى «ئۆز ئۆيىگە» دېگەن سۆز توغرىسىدا ئىككى پىكرى بار، يەنى «ئۆز ئۆيى» (1) يەرەمىيانىڭ يۇرتى، يەنە ئاناتوتنى ياكى (2) گەدالىيانىڭ «ئۆز ئۆيى»نى كۆرسىتىدۇ. گەدالىيا نېبوقادنەسارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پەلەستىنگە ۋالىي دەپ بېكىتىلگەنىدى (5:40نى ۋە «2پاد.» 22:25نى كۆرۈڭ). بىزنىڭچە ئىككىنچى پىكىر توغرا، چۈنكى 5:40دە نېبۇزار-ئاداننىڭ يەرەمىياغا «گەدالىيانىڭ يېنىغا قايتقىن» دېگەن سۆزىنى بايقايمىز. مۇشۇ ۋاقىتتا يەرەمىيا ۋالىي ئۆيىدە كەڭ-ئازادىلىكتە تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى نامرات خەلق ئارىسىدا تۇرۇشنى تاللىدى.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ سادىق ئادىمى ئەبەد-مەلەككە بولغان ۋەدىسى \m \v 15 يەرەمىيا «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: ــ \m \v 16 بارغىن، ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دېگىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى مۇشۇ شەھەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن؛ شۇ كۈنى بۇ ئىشلار ئۆز كۆزۈڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ. \v 17 لېكىن شۇ كۈنى مەن سېنى قۇتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ سەن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايسەن؛ \v 18 چۈنكى مەن چوقۇم سېنى قۇتقۇزىمەن؛ سەن قىلىچلانمايسەن، بەلكى ئۆز جېنىڭ ئۆزۈڭگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا تايىنىپ كەلگەنسەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». \b \b \m \c 40 \s1 يەرەمىيا ئىككىنچى قېتىم ئازاد قىلىنىپ قويۇۋېتىلىدۇ \m \v 1 قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ چاغدا نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلماقچى ئىدى؛ يەرەمىيامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا ئېلىپ مېڭىلغانىدى. \f □ \fr 40:1 \ft \+bd «قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى...»\+bd* ــ نېبۇزار-ئادان ئاللىقاچان يەرەمىيا توغرۇلۇق «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋەرسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى (11:39-14نى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ «خەلق ئارىسىدا» تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن، بەلكىم تاسادىپىيلىقتىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغاندا ئۇلار بىلەن تەڭ ئېلىپ كېتىلگەنىدى. \fp «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى» ــ 2-5-ئايەتلەرگە قارىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزى «كاپىر» بولغان، بابىللىق لەشكەر نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق كەلدى!\f* \v 2 قاراۋۇل بېگى يەرەمىيانى بىر چەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ \v 3 مانا، پەرۋەردىگار ئۆز دېگىنى بويىچە شۇنداق قىلىپ ئۇنى كەلتۈردى؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۇ ئىش بېشىڭلارغا چۈشتى. \v 4 لېكىن مەن قولۇڭنى ئىشكەللەنگەن زەنجىرلەردىن يېشىپ سېنى قويۇۋېتىمەن؛ مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىش ساڭا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قېنى كەل، مەن سەندىن خەۋەر ئالىمەن؛ ئەمما مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىساڭ، كېرەك يوق. مانا، پۈتكۈل زېمىن ئالدىڭدا تۇرىدۇ؛ قەيەرگە بېرىش ساڭا لايىق، دۇرۇس كۆرۈنسە شۇ يەرگە بارغىن». \m \v 5 يەرەمىيا تېخى يېنىدىن ماڭماي تۇرۇپ، نېبۇزار-ئادان ئۇنىڭغا: «بولدى، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا قايت؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدادىكى شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەن؛ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋەر، ياكى ھەرقانداق باشقا يەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە بارغىن» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇل بېگى ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ھەمدە بىر سوۋغات بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتتى. \v 6 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىگە، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى. \b \m \s1 مىزپاھ شەھىرى «يەھۇدا ئۆلكە»سىنىڭ يېڭى مەركىزى قىلىنىدۇ \m \v 7 دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا بابىلغا سۈرگۈن بولمىغان زېمىندىكى يوقسۇل ئەر-ئاياللار بالا-چاقىلىرى بىلەن تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى؛ \v 8 شۇنىڭ بىلەن بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلىرى بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغۇللىرى يوھانان ھەم يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا، نەتوفاتلىق ئەفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا ئىدى. \f □ \fr 40:8 \ft \+bd «مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا»\+bd* ــ «جەزانىيا»نىڭ باشقا شەكلى «يائازانىيا» ــ «2پاد.» 23:25نى كۆرۈڭ.\f* \v 9 شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. \v 10 مەن بولسام كالدىيلەر زېمىنغا كەلگەندە \add سىلەرگە\add* ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن مىزپاھ شەھىرىدە تۇرىمەن؛ سىلەر بولساڭلار، شاراب، ئەنجۈر-خورمىلار ۋە زەيتۇن مېيى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كۈپ-ئىدىشىڭلارغا قويۇڭلار، ئۆزۈڭلار تۇتقان شەھەرلەردە تۇرىۋېرىڭلار» ــ دەپ قەسەم ئىچتى. \m \v 11 ئوخشاشلا موئابدا، ئاممونىيلار ئارىسىدا، ئېدومدا ھەم باشقا ھەربىر يۇرتلاردا تۇرغان يەھۇدىيلارمۇ بابىل پادىشاھى يەھۇدادا خەلقنىڭ بىر قالدىسىنى قالدۇرغان ۋە ئۇلار ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى بەلگىلىگەن دەپ ئاڭلىدى؛ \v 12 شۇنىڭ بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار ھەيدەپ تارقىتىۋېتىلگەن ھەممە جاي-يۇرتلاردىن قايتىپ، يەھۇدا زېمىنىغا، مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار شاراب، ئەنجۈر-خورمىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كەڭرىچىلىكتە ئالدى. \b \m \s1 ئىشمائىل گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، مىزپاھدىكى خەلقنى ئەسىرگە ئالىدۇ \m \v 13 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە دالادا قالغان لەشكەرلەرنىڭ بارلىق باشلىقلىرى مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: \v 14 «سەن ئاممونىيلار پادىشاھى بائالىس نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېيىشتى. لېكىن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. \m \v 15 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان مىزپاھدا گەدالىياغا ئاستىرتىن سۆز قىلىپ: «ماڭا رۇخسەت قىلغايسەن، باشقىلار ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇچە مەن بېرىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى ئۆلتۈرەي؛ ھېچكىم بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىڭغا يىغىلغان يەھۇدادىكىلەرنىڭ ھەممىسى تارقىتىۋېتىلىپ، يەھۇدانىڭ قالدىسى يوقىتىۋېتىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ ــ دېدى. \m \v 16 بىراق گەدالىيا كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانانغا: «سەن ئۇنداق قىلما؛ چۈنكى سەن ئىشمائىل توغرۇلۇق يالغان ئېيتىۋاتىسەن» ــ دېدى. \b \b \m \c 41 \m \v 1 ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا، \f □ \fr 41:1 \ft \+bd «پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرى...»\+bd* ــ «پادىشاھ» چوقۇم زەدەكىيانى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 41:1 \xt 2پاد. 25‏:25\x* \v 2 نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ھەم ئۇ ئېپكەلگەن ئون ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا قىلىچ چاپتى؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى بابىل پادىشاھى يەھۇدا زېمىنى ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. \v 3 ئىشمائىل مىزپاھدا گەدالىياغا ھەمراھ بولغان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق كالدىي جەڭگىۋار لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. \m \v 4 شۇنداق بولدىكى، گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىگىچە ھېچكىم تېخى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپمىغانىدى، \v 5 مانا شەقەم، شىلوھ ھەم سامارىيەدىن سەكسەن ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە سۇنۇشقا قولىدا ھەدىيەلەرنى ھەم خۇشبۇينى تۇتقان ھالدا كەلگەنىدى. \f □ \fr 41:5 \ft \+bd «ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، خەلق بۇنداق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرەتتى. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە ئۇلارنىڭ قايغۇسى خۇدانىڭ يەھۇدا ۋە ئىسرائىل ئۈستىگە جازا چۈشۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولغان. ئەمەلىيەتتە قايغۇنى بىلدۈرۈشكە «ئەتلىرىنى تىلىش» تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان.\f* \v 6 نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ماڭغىنىچە يىغلىغانغا سېلىپ مىزپاھدىن چىقتى؛ ئۇلارغا: «مەرھەمەت، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىمەن» ــ دېدى. \m \v 7 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىغا يەتكەندە، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى. \v 8 ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. \v 9 ئىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى پادىشاھ ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشادىن قورقۇپ كولاپ ياسىغانىدى. نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل بۇ ئازگالنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. \f □ \fr 41:9 \ft \+bd «ىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى...»\+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىسى: «شۇ ئازگال ئىشمائىل گەدالىيا بىلەن بىللە ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىغان يەر بولۇپ، ئۇنى ئەسلى...» ــ ئەينى ئىبرانىي تىلىدىكى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. \+bd «بائاشادىن قورقۇپ...»\+bd* ــ ئاسا پادىشاھ بەلكىم ئازگالنى مىزپاھ مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندا سۇ ساقلاش ئۈچۈن كولىغانىدى.\f* \v 10 ئىشمائىل مىزپاھتا تۇرغان خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە مىزپاھدا قالغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى؛ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ ئاممونىيلارنىڭ قېشىغا ئۆتۈشكە يول ئالدى. \b \m \s1 يوھانان خەلقنى ئىشمائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ \m \v 11 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى ھەممە لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سادىر قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن خەۋەر تاپتى؛ \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلغا جەڭ قىلىشقا چىقتى؛ ئۇلار گىبېئوندىكى چوڭ كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. \v 13 ئىشمائىلنىڭ قولىدا تۇرغان بارلىق خەلق كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولدى. \v 14 ئىشمائىل مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلق يولدىن يېنىپ، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھاناننىڭ يېنىغا كەلدى. \v 15 لېكىن نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن يوھاناندىن قېچىپ، ئاممونىيلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. \v 16 ئاندىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېشىغا ئالدى؛ ئۇ ئۇلارنى، يەنى جەڭگىۋار لەشكەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى گىبېئوندىن ئېلىپ كەتتى. \v 17 ئۇلار كالدىيىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا قاراپ يول ئېلىپ بەيت-لەھەمگە يېقىن بولغان گېرۇت-قىمخامدا توختاپ تۇردى. \v 18 سەۋەبى بولسا، ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. \b \b \m \c 42 \s1 قالغانلار پەرۋەردىگاردىن يول سورايدۇ، بىراق ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ \m \v 1 بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى، جۈملىدىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلق \f □ \fr 42:1 \ft \+bd «ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا»\+bd* ــ بۇ «يەزانىيا» 8:40دە تىلغا ئېلىنغان «يەزانىيا» بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 2 يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: «تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا خەلقنىڭ قالدىسى بولغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەنكى (كۆزۈڭ كۆرگىنىدەك بۇرۇن كۆپ بولغان بىزلەر ھازىر ئىنتايىن ئاز قالدۇق)، \v 3 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بىزگە ماڭىدىغان يول، قىلىدىغان ئىشنى كۆرسەتكەي» ــ دەپ ئىلتىجا قىلدى. \m \v 4 يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى. \m \v 5 ئۇلار يەرەمىياغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئەۋەتىپ بىزگە يەتكۈزىدىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەقىقىي، گېپىدە تۇرۇدىغان گۇۋاھچى بولۇپ ئەيىبلىسۇن!» ــ دېدى. \v 6 «بىز سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا ئەۋەتىمىز؛ جاۋاب ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن، ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلىمىز؛ بىز خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغاندا، بىزگە ياخشى بولىدۇ».\x + \xo 42:6 \xt يەر. 7‏:23\x* \m \v 7 شۇنداق بولدىكى، ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى. \v 8 ئۇ كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلقنى چاقىرىپ \v 9 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر مېنى تەلىپىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنسىلەر. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 10 «سىلەر يەنىلا مۇشۇ زېمىندا تۇرىۋەرسەڭلارلا، مەن سىلەرنى قۇرۇپ چىقىمەن؛ سىلەرنى غۇلاتمايمەن؛ مەن سىلەرنى تىكىپ ئۆستۈرىمەن، سىلەرنى يۇلمايمەن؛ چۈنكى مەن بېشىڭلارغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەتكە ئۆكۈنىمەن. \x + \xo 42:10 \xt يەر. 24‏:6؛ 31‏:4؛ 33‏:7\x* \v 11 سىلەر قورقىدىغان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار؛ ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. \v 12 مەن سىلەرگە شۇنداق رەھىمدىللىقنى كۆرسىتىمەنكى، ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىشقا يول قويىدۇ. \m \v 13 بىراق سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي «بۇ زېمىندا قەتئىي تۇرمايمىز» ــ دېسەڭلار \v 14 ۋە: «ياق، بىز مىسىر زېمىنىغا بارايلى؛ شۇ يەردە نە ئۇرۇشنى كۆرمەيمىز، نە كاناي-ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىمايمىز، نە نانغا زار بولمايمىز؛ شۇ يەردە ياشايمىز» ــ دېسەڭلار، \v 15 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ بۇ قالدىسى بولغان سىلەر: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مىسىرغا كىرىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولساڭلار، \v 16 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر قورقىدىغان قىلىچ مىسىردا سىلەرگە يېتىشىۋالىدۇ، سىلەر قورقىدىغان قەھەتچىلىك مىسىردا سىلەرگە ئەگىشىپ قوغلاپ بارىدۇ؛ شۇ يەردە سىلەر ئۆلىسىلەر. \v 17 شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرغا كىرىپ شۇ يەردە تۇرايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تىرىك قالمايدۇ ۋە ياكى مەن بېشىغا چۈشۈرىدىغان بالايىئاپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. \m \v 18 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ غەزىپىم ۋە قەھرىم يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلگەندەك، سىلەر مىسىرغا كىرگىنىڭلاردا، قەھرىم بېشىڭلارغا چۈشۈرۈلىدۇ؛ سىلەر لەنەتكە قالىدىغان ۋە دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولىسىلەر ۋە سىلەر بۇ زېمىننى قايتىدىن ھېچ كۆرمەيسىلەر. \x + \xo 42:18 \xt يەش. 65‏:15؛ يەر. 7‏:20؛ 18‏:16؛ 19‏:8؛ 24‏:9؛ 25‏:9،18؛ 26‏:6؛ 29‏:18\x* \v 19 پەرۋەردىگار سىلەر، يەنى يەھۇدانىڭ قالدىسى توغرۇلۇق: «مىسىرغا بارماڭلار!» ــ دېگەن. ــ ئەمدى شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بۈگۈنكى كۈنىدە سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم!». \m \v 20 ــ سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتكىنىڭلار «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە نېمە دېسە، بىزگە يەتكۈزۈپ بەرسەڭ بىز شۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز» دېگۈزگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالداپ جېنىڭلارغا زامىن بولۇشتىن ئىبارەت بولدى، خالاس. \f □ \fr 42:20 \ft \+bd «ــ سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا ... «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ...» دېگۈزگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالداپ جېنىڭلارغا زامىن بولۇشتىن ئىبارەت بولدى، خالاس»\+bd* ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ... » دېگۈزۈپ ئەۋەتكىنىڭلاردا ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى ئالداپ قويغانسىلەر، خالاس».\f* \v 21 مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە ئۇنىڭ دېگىنىنى ئېيتىپ بەردىم؛ لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە ياكى ئۇنىڭ مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتكەن ھېچقايسى ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. \f □ \fr 42:21 \ft \+bd «مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە ئۇنىڭ دېگىنىنى ئېيتىپ بەردىم؛ لېكىن ... خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە ياكى ئۇنىڭ مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتكەن ھېچقايسى ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى، يەنى: «خۇدانىڭ سۆزىگە ھېچ ئىتائەت قىلمايمىز» دېگەن پوزىتسىيىسى پەيغەمبەرگە ئايان ئىدى.\f* \v 22 ئەمدى ھازىر شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئولتۇراقلىشايلى دەپ بارىدىغان جايدا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىسىلەر». \b \b \m \c 43 \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى بارلىق خەلققە ئېيتىپ تۈگەتتى (خۇداسى پەرۋەردىگار يەرەمىيانى ئۇلارغا بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن)، ــ \v 2 شۇنىڭ بىلەن ھوشىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا ۋە كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە شۇنداقلا بارلىق ھالى چوڭ ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خۇدايىمىز پەرۋەردىگار سېنى بىزگە: «سىلەر مىسىردا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بارماڭلار!» دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەس؛ \f □ \fr 43:2 \ft \+bd «ھوشايانىڭ ئوغلى ئازارىيا»\+bd* ــ بۇ ئادەم 1:42دىكى «ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا» دېگەن ئادەم بىلەن بىر بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 3 بەلكى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق چوقۇم سېنى بىزگە قارشىلاشتۇرۇپ، بىزنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ياكى بىزنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ». \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارنىڭ: «يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى؛ \v 5 بەلكى كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى ھەيدىۋېتىلگەن بارلىق ئەللەردىن يەھۇدا زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا قايتىپ كەلگەن يەھۇدانىڭ پۈتۈن قالدىسىنى، \v 6 يەنى ئەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە پادىشاھنىڭ قىزلىرىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان ھەربىر كىشىنى ھەمدە يەرەمىيا پەيغەمبەر ھەم نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى ئېلىپ، \v 7 مىسىر زېمىنىغا كىرىپ كەلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار تاھپانەس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. \b \m \s1 بېشارەت ــ نېبوقادنەسار مىسىرغا بېسىپ كىرىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ \m \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا تاھپانەستە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 9 يەھۇدىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، قولۇڭغا بىرنەچچە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ تاھپانەستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى خىشلىق يولدىكى سېغىز لايغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ، \v 10 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مېنىڭ قۇلۇم بولغان بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرىپ ئېپكېلىمەن، ئۇ مەن كۆمۈپ يوشۇرغان بۇ تاشلار ئۈستىگە ئۆز تەختىنى سالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شاھانە چېدىرىنى يېيىپ تىكىدۇ. \x + \xo 43:10 \xt يەر. 25‏:9؛ 27‏:6\x* \v 11 ئۇ كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ؛ سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولىدۇ؛ قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچلىنىدۇ. \f □ \fr 43:11 \ft \+bd «ئۇ (نېبوقادنەسار) كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۆلۈم» بەلكىم ۋابانى كۆرسىتىدۇ. 2:15نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 43:11 \xt يەر. 15‏:2؛ زەك. 11‏:9\x* \v 12 مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ. \f □ \fr 43:12 \ft \+bd «قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (نېبوقادنەسار) قوي پادىچىسى ئۆز تونىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك مىسىر زېمىنىدىن ھېچنەرسە قالدۇرماي ھەممىنى تېرىۋالىدۇ». ئايەتتىكى ئىبرانىي تىلى ئىككى بىسلىق بولغاچقا، ئىككىلا تەرجىمىسى بەلكىم توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنە شۇنى دېيىشىمىز كېرەككى، قويلار ۋە قوي پادىچىلىرى مىسىرلىقلارغا ئىنتايىن يىرگىنچىلىك بولغان («يار.» 34:46نى كۆرۈڭ). شۇنىڭ بىلەن بېشارەت مىسىرلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن كىنايىلىك، ئېغىر گەپ بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 13 ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى «قۇياش ئىبادەتخانىسى»دىكى تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇ مىسىردىكى بۇتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ.\f □ \fr 43:13 \ft \+bd «قۇياش ئىبادەتخانىسى»\+bd* ــ مىسىردىكى «خېلىئوپولىس»، يەنى «ئون» دېگەن شەھەرگە جايلاشقان. ئۇ ھازىرقى قاھىرە شەھىرىنىڭ ئون كىلومېتر شەرق تەرىپىدە. \+bd «ئۇ مىسىردىكى بۇتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 568-يىلى نېبوقادنەسار مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان؛ بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى باشقا بىر تاجاۋۇزلۇقنىڭ بار-يوقلۇقى توغرۇلۇق تېخى خەۋەرىمىز يوق.\f* \b \b \m \c 44 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرغا قاچقان يەھۇدىيلارغا بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن چۈشۈرىدىغان جازاسى \m \v 1 مىسىردا تۇرغان، يەنى مىگدولدا، تاھپانەستە، نوفتا ۋە \add مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپى\add* پاتروس زېمىنىدا تۇرغان بارلىق يەھۇدىيلار توغرۇلۇق بۇ سۆز يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \f □ \fr 44:1 \ft \+bd «نوف»\+bd* ــ كېيىن «مەمفىس» دەپ ئاتالغان. مىگدول، تاھپانەس، نوف ۋە پاتروس دېگەن جايلار ئاساسەن مىسىرنىڭ پۈتكۈل تېررىتورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.\f* \m \v 2‏-3 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى ھەممە شەھەرلەر ئۈستىگە چۈشۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتنى كۆرگەنسىلەر؛ مانا، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار خارابىلىك بولۇپ، ئادەمزاتسىز قالدى؛ چۈنكى ئۇلار نە ئۆزلىرى، نە سىلەر، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمەيدىغان يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا، خۇشبۇي يېقىشقا بېرىپ، مېنى غەزەپلەندۈرگەن. \v 4 مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن. \m \v 5 لېكىن ئۇلار ئىتائەت قىلمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار رەزىللىكىدىن، يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىشتىن قولىنى زادى ئۈزمىگەن. \v 6 شۇنىڭ بىلەن قەھرىم ھەم غەزىپىم \add ئۇلارغا\add* تۆكۈلگەن، يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا يېقىلغان، كۆيگەن؛ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ۋەيرانە ۋە خارابىلىك بولۇپ قالدى.\x + \xo 44:6 \xt يەر. 7‏:20؛ 42‏:18\x* \m \v 7 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر نېمىشقا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا زور كۈلپەت كەلتۈرمەكچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق قالدى قالدۇرماي ئۆزۈڭلاردىن، يەنى يەھۇدانىڭ ئىچىدىن ئەر-ئايال، بالا-بوۋاقلارنى ئۈزمەكچىسىلەر!؟ \v 8 نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭلارنىڭ ياسىغىنى بىلەن، سىلەر ئولتۇراقلاشقان مىسىر زېمىنىدا يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ مېنى غەزەپلەندۈرىسىلەر؟ شۇنداق قىلىپ سىلەر ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا لەنەت سۆزى ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىسىلەر. \v 9 سىلەر يەھۇدا زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا سادىر قىلىنغان رەزىللىكنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى، يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ رەزىللىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەزىللىكىنى، سىلەرنىڭ ئۆز رەزىللىكىڭلارنى ھەم ئاياللىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ \v 10 بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خەلقىڭلار ئۆزىنى ھېچ تۆۋەن تۇتمىدى، مەندىن ھېچ قورقمىدى، ئۇلار مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ياكى بەلگىلىمىلىرىمدە ھېچ ماڭغان ئەمەس. \m \v 11 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بېشىڭلارغا كۈلپەت چۈشۈرۈپ، بارلىق يەھۇدانى ھالاك قىلغۇچە سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىمەن؛ \x + \xo 44:11 \xt يەر. 21‏:10؛ ئام. 9‏:4\x* \v 12 مەن مىسىر زېمىنىغا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان يەھۇدانىڭ قالدىسىغا قول سالىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر زېمىنىدا تۈگىشىدۇ؛ مىسىر زېمىنىدا يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ، ئۇلار لەنەت ئوقۇلىدىغان ۋە دەھشەت باسقۇچى ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىدۇ. \x + \xo 44:12 \xt يەر. 42‏:15،16،17،22\x* \v 13 مەن مىسىر زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلارنى يېرۇسالېمنى جازالىغاندەك قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن؛ \v 14 شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلىشايلى دەپ شۇ يەرگە كىرگەن يەھۇدانىڭ قالدىسىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا ھېچقايسىسى قاچالمايدۇ ياكى ھېچكىم قالمايدۇ؛ شۇ يەرگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتىزار بولسىمۇ، قاچالىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىلىرى ھېچقايسىسى قايتمايدۇ». \m \v 15 ئاندىن ئۆز ئاياللىرىنىڭ يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياقىدىغانلىقىنى بىلگەن بارلىق ئەرلەر، ۋە يېنىدا تۇرغان بارلىق ئاياللار، ــ زور بىر توپ ئادەملەر، يەنى مىسىرنىڭ \add شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى\add* پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ \f □ \fr 44:15 \ft \+bd «مىسىرنىڭ شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىزرائىمدا، پاتروستا تۇرغان بارلىق خەلق». \fp «مىزرائىم» ــ مىسىرنىڭ شىمالىي تەرىپى، «پاتروس» ــ مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدۇر.\f* \v 16 «سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز! \v 17 ئەكسىچە بىز چوقۇم ئۆز ئاغزىمىزدىن چىققان بارلىق سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز؛ ئۆزىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمىرلىرىمىز يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا قىلغىنىدەك بىزلەر «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىۋېرىمىز ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇۋېرىمىز؛ چۈنكى ئەينى چاغدا بىزنىڭ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، توققۇزىمىز تەل، ھېچ كۈلپەتنى كۆرمەي ئۆتكەن. \f □ \fr 44:17 \ft \+bd «ئاسماننىڭ خانىشى»\+bd* ــ بىرخىل ئايال بۇت، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 44:17 \xt يەر. 7‏:18\x* \v 18 ئەمما «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىشنى ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشنى توختاتقىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز كەم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ھەم قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولۇپ كەلدۇق. \v 19 بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟». \m \v 20 يەرەمىيا بارلىق خەلققە، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارغا، مۇشۇنداق جاۋابنى بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ \m \v 21 ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئېسىدە قېلىپ كۆڭلىگە تەگكەن ئىش دەل سىلەر، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار، ئەمىرلىرىڭلار شۇنداقلا زېمىندىكى خەلقنىڭ يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا ياققان خۇشبۇيى ئەمەسمۇ؟ \v 22 ئاخىرىدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ رەزىللىكىگە ھەم سادىر قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىغان؛ شۇڭا زېمىنىڭلار بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خارابىلىك، ئادەمنى دەھشەت باسقۇچى، لەنەت ئوبيېكتى ۋە ئادەمزاتسىز بولغان. \v 23 سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى». \m \v 24 يەرەمىيا بارلىق خەلققە، بولۇپمۇ بارلىق ئاياللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! \v 25 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ئاياللار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن: «بىز «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىش، ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەملىرىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز» دېگەنسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئەمەل قىلغانسىلەر. ئەمدى قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېرىڭلار! قەسىمىڭلارغا تولۇق ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! \f □ \fr 44:25 \ft \+bd «سىلەر ئاياللار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن...». \+bd ««بىز «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىش، ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەملىرىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز» دېگەنسىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى «ئاياللار» بولسىمۇ، لېكىن سۆزلەر «ئاياللار سىيغىسى» بىلەن ئەمەس، بەلكى «ئەرلەر سىيغىسى» شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بەلكىم: «سىلەر ئەركەكلەر ئاياللىرىڭلارغا بويسۇنىدىغان «سايماخۇنلار بولدۇڭلار» دېگەندەك كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ بولسا كېرەك.\f* \v 26 لېكىن شۇنداق بولغاندا، ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! مانا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغ نامىم بىلەن قەسەم قىلغانمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مىسىرنىڭ بارلىق زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالىق ھېچقايسى كىشى مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ: «رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قايتىدىن قەسەم ئىچمەيدۇ. \v 27 مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزلەۋاتىمەن؛ شۇڭا مىسىردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگۈچە قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولىدۇ. \x + \xo 44:27 \xt يەر. 31‏:28\x* \v 28 قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قاچقانلار بولسا ئىنتايىن ئاز بىر توپ ئادەملەر بولۇپ، مىسىر زېمىنىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىغا ئولتۇراقلىشايلى دەپ كەلگەن يەھۇدانىڭ قالدىسى كىمنىڭ سۆزىنىڭ، مېنىڭكى ياكى ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىلىپ يېتىدۇ. \v 29 مېنىڭ سىلەرنى بۇ يەردە جازالايدىغانلىقىمغا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم سىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرمەي قويمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە شۇ ئالدىنئالا بېشارەت بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \v 30 ــ مانا، مېنىڭ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى ئۇنىڭ دۈشمىنى، جېنىنى قوغلاپ ئىزدىگەن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمدەك مەن ئوخشاشلا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن خوفرانى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ھەمدە جېنىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار».\f □ \fr 44:30 \ft \+bd «مېنىڭ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى ئۇنىڭ دۈشمىنى، جېنىنى قوغلاپ ئىزدىگەن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمدەك مەن ئوخشاشلا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن خوفرانى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ھەمدە جېنىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن»\+bd* ــ پىرەۋن خوفرا ئەسلى پادىشاھ زەدەكىيانى نېبوقادنەسارغا ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتقانىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 570-يىلى مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش مىسىردا تۇرغان يەھۇدىيلارغا بىر ئاگاھ-بېشارەت ئىدى.\f* \b \b \m \c 45 \s1 بارۇققا بېرىلگەن ئاگاھ ھەم تەسەللى \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ \m \v 2 «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ \v 3 سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ. \m \v 4 ــ \add يەرەمىيا\add*، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ \m پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قۇرۇپ چىققانلىرىمنى ھازىر غۇلىتىمەن، مەن تىككەنلىرىمنى، يەنى بۇ پۈتكۈل جاھاننى ھازىر يۇلۇپ تاشلايمەن. \f □ \fr 45:4 \ft \+bd «بۇ پۈتكۈل جاھاننى...»\+bd* ــ ياكى «بۇ پۈتكۈل زېمىننى...». لېكىن 5-ئايەتكە قارىغاندا «جاھاننى» توغرىدۇر.\f* \v 5 مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن».\f □ \fr 45:5 \ft \+bd «مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ... لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن»\+bd* ــ بۇ 45-بابتىكى بېشارەت پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىدا بېرىلگەن بولسا، نېمىشقا مۇشۇ يەردە (يەرەمىيا ۋە بارۇق مىسىردا قالغان ۋاقىتتا) «ئورام يازما»غا قوشۇلغان؟ بەلكىم ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە خاتىرىلىنىش سەۋەبى، يەرەمىيا ۋە بارۇق مىسىردا، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلماقچى بولغان يەھۇدانىڭ شۇ ئاز بىر قالدىسى ئارىسىدا (يۇقىرىقى بېشارەتلەر كۆرسەتكەندەك) تېخىمۇ ئېغىر خەتەردە قالغان؛ شۇڭا ھازىر بۇ بېشارەت بارۇققا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك، تېخىمۇ تەسەللى بېرىشى مۇمكىن ئىدى. \fp يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۆزى مىسىر زېمىنىدا ئۆلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كىتابىنىڭ قولىمىزدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن بىز شۈبھىسىزكى بارۇققا قەرزدارمىز.\f*  \x + \xo 45:5 \xt يەر. 21‏:9؛ 38‏:2؛ 39‏:18\x* \b \b \m \c 46 \s1 -51-46بابلار ــ ئەللەر توغرۇلۇق بېشارەتلەر •••• «1» مىسىر ــ مىسىرنىڭ قوشۇنى كارشېمىش شەھىرىدە مەغلۇپ بولىدۇ \m \v 1 يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەللەر توغرۇلۇق سۆزى تۆۋەندە: ــ \m \v 2 مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ \f □ \fr 46:2 \ft \+bd «مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ ....»\+bd* ــ مىسىر توغرۇلۇق بۇ بېشارەت پىرەۋننىڭ قوشۇنى بىتچىت قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېرىلگەن، مۇشۇ يەردە كېيىنكى ۋاقىتتا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ئەرزىيدۇكى، «يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى» يەھۇدانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەم يەرەمىيانىڭ بېشارەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يىل بولغان. شۇ يىل ئوتتۇرا شەرقتىكى «كۈچ تەڭپۇڭلۇقى» بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارغا ئۆتكەن.\f* \v 3 «قالقان-سىپارلارنى ئېلىپ سەپكە چۈشۈڭلار! جەڭگە چىقىشقا تەييارلىنىڭلار! \v 4 ئاتلارنى ھارۋىلارغا قېتىڭلار! ئاتلىرىڭلارغا مىنىڭلار! بېشىڭلارغا دۇبۇلغا سېلىپ سەپتە تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى بىلەپ ئىتتىكلىتىڭلار! ساۋۇت-قۇياقلارنى كىيىۋېلىڭلار!\x + \xo 46:4 \xt يەر. 51‏:11\x* \m \v 5 لېكىن مەن نېمىنى كۆرىمەن؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مانا، مۇشۇ \add لەشكەرلەر\add* دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ چېكىنىدۇ؛ باتۇر-پالۋانلىرى بىتچىت قىلىنىپ كەينىگە قارىماي بەدەر قاچىدۇ! تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 6 ــ ئەمدى ئەڭ چاققانلارمۇ قاچالمايدۇ، باتۇر-پالۋانلارمۇ ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ قالمايدۇ؛ مانا، شىمال تەرىپىدە، ئەفرات دەرياسى بويىدا ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ! \m \v 7 سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى \add كەلكۈن كەبى\add* كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ \f □ \fr 46:7 \ft \+bd «سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى كەلكۈن كەبى كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ »\+bd* ــ ھەر يىل نىل دەرياسىغا كەلكۈندەك ئۇلۇغ سۇ كېلىدۇ. بۇ سۇ مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېسىپ سۇغىرىدۇ، مىسىرنىڭ زېمىنىنى باقىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ.\f* \v 8 سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسىدەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن دەل مىسىر ئۆزىدۇر؛ ئۇ: «مەن ئۆزۈمنى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلايمەن؛ مەن شەھەرلەر ھەم ئۇلاردا تۇرۇۋاتقانلارنى يوقىتىمەن!» ــ دەيدۇ. \m \v 9 ئېتىلىڭلار، ئى ئاتلار! ھە دەپ ئالغا بېسىپ چېپىڭلار، ئى جەڭ ھارۋىلىرى! قالقان كۆتۈرگەن ئېفىئوپىيە ھەم لىۋىيەدىكىلەر، ئوقيالىرىنى ئېگىلدۈرگەن لىدىيەدىكىلەر، پالۋان-باتۇرلار جەڭگە چىقسۇن! \f □ \fr 46:9 \ft \+bd «ئېفىئوپىيە».. «لىۋىيە»... «لىدىيە»\+bd* ــ «ئېفىئوپىيە» ئىبرانىي تىلىدا «كۇش» دېيىلىدۇ، «لىۋىيە» («لىبيا») ئىبرانىي تىلىدا «پۇت» دېيىلىدۇ، «لىدىيە» (ھازىرقى تۈركىيەدە) ئىبرانىي تىلىدا «لۇد» دېيىلىدۇ. بۇ يەرلەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى «ياللانما لەشكەرلەر» ئىدى.\f*  \x + \xo 46:9 \xt يەش. 66‏:19\x* \v 10 لېكىن بۇ كۈن بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدۇر؛ ئۇ قىساسلىق بىر كۈن، يەنى ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلىچى كىشىلەرنى تويغۇچە يۇتىدۇ؛ ئۇ قانغۇچە ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئىچىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ شىمالىي زېمىندا، ئەفرات دەرياسى بويىدا قىلماقچى بولغان بىر قۇربانلىقى بار! \f □ \fr 46:10 \ft \+bd «(پەرۋەردىگار) ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بېشارەتتىكى «قىساس»، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە سادىق بولغان پادىشاھ يوسىيانى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 609-يىلى) ئۆلتۈرۈۋەتكەن پىرەۋن-نەكو ئۈستىدىن ئالغان بىر قىساسنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 29:23 ۋە 33-35نى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» ئادەتتە ئاخىرقى زاماندىكى قىيامەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بېشارەتنىڭ شۇ كۈنى توغرۇلۇق مەلۇماتلىرى بار بولۇشىمۇ مۇمكىن.\f* \v 11 گىلېئادقا چىقىپ تۇتىيا ئىزدەپ تاپ، ئى مىسىرنىڭ قىزى! لېكىن سەن ئۆزۈڭگە نۇرغۇن دورىلارنى ئالساڭمۇ بىكار؛ سەن ئۈچۈن ھېچ شىپالىق يوقتۇر! \x + \xo 46:11 \xt يەر. 8‏:22\x* \v 12 ئەللەر خىجالىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلايدۇ، سېنىڭ پەريادلىرىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە پۇر كېتىدۇ؛ پالۋان پالۋانغا پۇتلىشىدۇ، ئىككىسى تەڭ مەغلۇپ بولۇپ يىقىلىدۇ! \b \m \s1 نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا بېسىپ كىرىشى توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 13 پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى توغرۇلۇق يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزى: ــ \m \v 14 مىسىردا جاكارلا، مىگدولدا ئېلان قىل، نوفتا ۋە تاھپانەستىمۇ ئېلان قىل: چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ؛ \f □ \fr 46:14 \ft \+bd «مىسىردا ... مىگدول... نوف ... تاھپانەس...»\+bd* ــ بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى مىسىردا، ئەلۋەتتە. \+bd «چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ»\+bd* ــ بېشارەت بېرىلگەن ۋاقتى بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىركى 604-يىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا نېبوقادنەسار فىلىستىيەنى ئىشغال قىلىپ مىسىرنىڭ چېگرىسىدا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييار تۇراتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىركى 568-يىلى نېبوقادنەسار مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان؛ بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى باشقا بىر تاجاۋۇزلۇق بار-يوقلۇقى توغرۇلۇق تېخى خەۋەرىمىز يوق.\f* \v 15 سېنىڭ باتۇرلىرىڭ نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ؟ ئۇلار چىڭ تۇرالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى سەپتىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىدۇ. \v 16 ئۇ ئۇلاردىن كۆپلىرىنى پۇتلاشتۇرىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار قاچقاندا بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ دەيدۇ؛ \f □ \fr 46:16 \ft \+bd «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى بەلكىم مىسىر قوشۇنىدىكى چەتئەل «ياللانما لەشكەرلەر»ى ئېيتىدۇ (21نى كۆرۈڭ).\f* \v 17 شۇ يەرگە \add قايتقاندا\add* ئۇلار: «مىسىر پادىشاھى پىرەۋن پەقەت بىر قىيقاس-سۈرەن، خالاس! ئۇ پەيتنى بىلمەي ئۆتكۈزىۋەتتى!» ــ دەيدۇ. \v 18 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پادىشاھ، نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ تاغلار ئارىسىدا تابور تېغى بولغاندەك، كارمەل تېغى دېڭىز بويىدا \add ئاسمانغا تاقىشىپ\add* تۇرغاندەك بىرسى كېلىدۇ. \f □ \fr 46:18 \ft \+bd «تابور» ۋە «كارمەل»\+bd* ــ تاغلىرى بەك ئېگىز بولمىسىمۇ، ئۇلار ئەتراپىدىكى يەرلەرگە قارىغاندا كۆككە تاقاشقاندەك كۆرۈنىدۇ. مەنىسى نېبوقادنەسار قوشۇنى بىلەن بېسىپ كىرگەندە، ئۇلار باشقا پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك كۆرۈنىدۇ.\f* \v 19 ئەمدى سەن، ئى مىسىردا تۇرۇۋاتقان قىز، سۈرگۈن بولۇشقا لايىق يۈك-تاقلارنى تەييارلاپ قوي؛ چۈنكى نوف خارابە بولۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ، ھېچ ئادەمزاتسىز بولىدۇ. \m \v 20 مىسىر بولسا چىرايلىق بىر ئىنەكتۇر؛ لېكىن ئۇنى نىشان قىلغان بىر كۆكۈيۈن كېلىۋاتىدۇ، شىمالدىن كېلىۋاتىدۇ! \f □ \fr 46:20 \ft \+bd «كۆكۈيۈن»\+bd* ــ مال-ۋارانلارنى چاقىدىغان بىرخىل چىۋىن. بۇ دەھشەتلىك كۆكۈيۈن «چىرايلىق ئىنەك» بولغان مىسىر ۋە بارلىق «تورپاقلىرى»نى (21-ئايەت) تارمار قىلىپ ھەيدەيدۇ! مىسىرلىقلار چوقۇنغان بۇت «بۇقا ئىلاھى» (ئافىس) بولغاچقا، مۇشۇ «ئىنەك» ۋە «تورپاقلار»غا نىسبەتەن 20-21-ئايەتلەر ئىنتايىن كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەردۇر.\f* \v 21 ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ؛ چۈنكى كۈلپەتلىك كۈن، يەنى جازالىنىش كۈنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. \f □ \fr 46:21 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ»\+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى كۆكۈيۈنلەر ئىنتايىن زەھەرلىك، ۋەھشىي بولۇپ، ئىنەك-تورپاقلارنى سەۋدايى، تەلۋە قىلىپ، ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتۈپ چېچىۋېتىدۇ. \+bd «جازالىنىش كۈنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىنىش كۈنى».\f* \v 22 \add مىسىرنىڭ\add* ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى \add دۈشمەن\add* قوشۇنلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتۇن كەسكۈچىلەردەك ئۇنىڭغا قارشى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. \f □ \fr 46:22 \ft \+bd «مىسىرنىڭ ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم مىسىر قورقۇنچتىن چېكىنگەن ئامالسىز قالغان يىلاندەك، ئۇنىڭغا پەقەت «كۈش-كۈش» قىلىپ خاپالىقىنى بىلدۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ.\f* \v 23 ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى كەسكۈچىلەر چېكەتكە توپىدىن كۆپ، سان-ساناقسىز بولىدۇ. \f □ \fr 46:23 \ft \+bd «ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ»\+bd* ــ مىسىردا دەرەخلەر ئاز بولىدۇ؛ شۇڭا بۇ سېلىشتۇرما-ئوخشىتىش بولۇشى كېرەك، بەلكىم «ئورمان» نۇرغۇنلىغان خەلق ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 24 مىسىرنىڭ قىزى خىجالەتتە قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۇ شىمالىي ئەلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. \m \v 25 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن؛ بەرھەق، پىرەۋن ۋە ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ \f □ \fr 46:25 \ft \+bd «مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن»\+bd* ــ خۇدا «ئامون» دېگەن بۇت ۋە «مىسىرنىڭ ئىلاھلىرى»نى قانداق جازالايدۇ؟ ھېچ بولمىغاندا، بۇ سۆز خۇدانىڭ مۇشۇ بۇتلارنىڭ «نام-ئابرۇي»لىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېما توغرۇلۇق «مىسىردىن چىقىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 26 مەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئىزدىگۈچىلەر، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ھەم خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. بىراق كېيىن، \add مىسىر\add* قەدىمكى زامانلاردەك قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \s1 ئىسرائىل ئۈچۈن ئۈمىد \m \v 27 لېكىن سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يۇرتتىن، نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ قايتىپ، خاتىرجەملىك ۋە ئارامبەخشتە تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. \x + \xo 46:27 \xt يەش. 41‏:13؛ 43‏:5؛ 44‏:1؛ يەر. 30‏:10\x* \v 28 قورقما، ئى قۇلۇم ياقۇپ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويمايمەن.\x + \xo 46:28 \xt يەر. 10‏:24؛ 30‏:11\x* \b \b \m \c 47 \s1 «2» فىلىستىيە توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 1 پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ \f □ \fr 47:1 \ft \+bd «گازا»\+bd* ــ فىلىستىيەنىڭ بەش چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى. \fp بېشارەت (1-7) بېرىلگەن ۋاقىت بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 609-يىلى ئىدى. شۇ چاغدا پىرەۋن-نەكو مىسىردىن چىقىپ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە ئىتتىپاقداش بولۇپ بابىلغا قارشى چىققان. بۇ بېشارەتتىكى «زەربە» بەلكىم پىرەۋن شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلغان، فىلىستىيەنىڭ تېررىتورىيەسىدىن ئۆتۈپ بولغان ۋاقتىدا قىلىنغان.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن \add دولقۇنلۇق\add* سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار \add ئازابتىن\add* نالە-زار قىلىدۇ؛ \f □ \fr 47:2 \ft \+bd «شىمالدىن دولقۇنلۇق سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، مۇقەددەس كىتابتا «كەلكۈن» زېمىننى بېسىپ كىرگەن زور قوشۇنغا ئوخشىتىلىدۇ. مۇشۇ «سۇلار» ئاۋۋال پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولغان بولۇشى مۇمكىن، كەينىدىكى «كەلكۈن» پىرەۋننىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلغان بابىللىقلاردىن ئىبارەت. \fp «شەھەر» بولسا بەلكىم يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. يېرۇسالېم بابىل تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا فىلىستىيەمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىنىپ تاجاۋۇز قىلىنغان.\f* \v 3 تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. \x + \xo 47:3 \xt يەش. 5‏:28؛ يەر. 4‏:13؛ 6‏:23\x* \v 4 چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ. \f □ \fr 47:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ»\+bd* ــ فىلىستىيلەر ئەسلىدە كرېت (ئىبرانىي تىلىدا «كافتور») ئارىلىدىن چىققانىدى. ئۇلار تۇردىكىلەر ھەم زىدوندىكىلەرگە «تۇغقان قەبىلىلەر» (فۆنىكىيىلىكلەر) بولغاچقا، تۇر ۋە زىدون ئاۋارىگە ئۇچرىغان بولسا، فىلىستىيلەر ئۇلارغا ياردەمگە چىققان بولاتتى. لېكىن فىلىستىيلەر نابۇت بولغان بولسا، «ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك ... ئادەملار» بولمايتتى.\f*  \x + \xo 47:4 \xt يەر. 25‏:22\x* \v 5 گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟ \f □ \fr 47:5 \ft \+bd «گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇنى «گازادىكىلەر قايغۇرۇپ چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى مەنىسى شەھەر خارابىلىك بولۇپ «تاقىر يەر» بولىدۇ. بۇ سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ ئىككىنچى مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. \fp «داڭ قېتىپ قالىدۇ»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تۈگىشىدۇ». \+bd «فىلىستىيەنىڭ كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «فىلىستىيە جىلغىسىدا قالغانلار». \+bd «قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر»\+bd* ــ «ئەتلىرىنى تىلىش» قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرەتتى. بۇ ئادەت تەۋراتتا مەنئى قىلىنغان.\f*  \x + \xo 47:5 \xt قان. 14‏:1؛ يەر. 16‏:6؛ 25‏:20\x* \v 6 ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن! \m \v 7 لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر! \b \b \m \c 48 \s1 «3» موئاب توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 1 موئاب توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ خارابە قىلىنىدۇ؛ كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى قورغان بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. \f □ \fr 48:1 \ft \+bd «يۇقىرى قورغان»\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «مىسگاب») بەلكىم بىر شەھەرنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 48:1 \xt يەر. 25‏:21؛ 27‏:3\x* \v 2 موئاب يەنە ھېچ ماختالمايدۇ؛ ھەشبوندا كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنى ئەل قاتارىدىن يوقىتايلى» دەپ سۇيىقەست قىلىدۇ؛ سەنمۇ، ئى مادمەن، تۈگەشتۈرۈلىسەن؛ قىلىچ سېنى قوغلايدۇ. \f □ \fr 48:2 \ft \+bd «....نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! ... كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ (1-ئايەت)؛ ھەشبون ...مادمەن،...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، نېبو، كىرىئاتايىم، ھەشبون، مادمەن ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەردىكى ھورونائىم، لۇخىت، ئاروئەر، بەيت-گامۇل، دىبون قاتارلىقلار موئابتىكى شەھەرلەردۇر. خەرىتىنى كۆرۈڭ. «ھەشبون» بولسا موئابنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بېشارەت بويىچە باشقا شەھەرلەردىن ئىلگىرى بەلكىم دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ئاندىن دۈشمەننىڭ قوشۇنى ئۈچۈن بازا بولىدۇ. «ھەشبون» ۋە «سۇيىقەست» («خېشاب») ئىبرانىي تىلىدا يېقىن سۆزلەردۇر. \fp يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇسنىڭ خاتىرىسى بويىچە، موئاب نېبوقادنەسار پادىشاھ تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى ئىگىلىنىپ، نۇرغۇن شەھەرلىرى ۋەيران قىلىنغان.\f* \v 3 ھورونائىمدىن ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ: ــ «ئاھ، ۋەيرانچىلىق، دەھشەتلىك پاتىپاراقچىلىق!» \m \v 4 موئاب بىتچىت قىلىندى! ئۇنىڭ كىچىكلىرىدىن پەريادلىرى ئاڭلىنىدۇ. \v 5 بەرھەق، لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولىدىن توختىماي يىغىلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا ھالاكەتتىن ئازابلىق نالە-پەريادلار ئاڭلىنىدۇ. \x + \xo 48:5 \xt يەش. 15‏:5\x* \v 6 قېچىڭلار، جېنىڭلارنى ئېلىپ يۈگۈرۈڭلار! چۆلدىكى بىر چاتقال بولۇڭلار! \x + \xo 48:6 \xt يەر. 17‏:6\x* \v 7 چۈنكى سەن ئۆز قىلغانلىرىڭغا ۋە بايلىقلىرىڭغا تايانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سەنمۇ ئەسىرگە چۈشىسەن؛ \add بۇتۇڭ\add* كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ. \f □ \fr 48:7 \ft \+bd «بۇتۇڭ كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ»\+bd* ــ كېموش موئاب چوقۇنغان بۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى («2پاد.» 27:3نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 48:7 \xt يەر. 49‏:3\x* \v 8 ۋەيران قىلغۇچى ھەربىر شەھەرگە جەڭ قىلىدۇ؛ شەھەرلەردىن ھېچقايسى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.\f □ \fr 48:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ»\+bd* ــ «جىلغا» ۋە «تۈزلەڭلىك» موئابنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \v 9 دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بولىدۇ \f □ \fr 48:9 \ft \+bd «دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار!»\+bd* ــ بۇ جۈملىدىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f* \v 10 (پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!).\f □ \fr 48:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەر كەلگۈسىدە موئابقا ھۇجۇم قىلىدىغان بابىللىق لەشكەرلەرگە ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 11 موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن؛ ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن. \f □ \fr 48:11 \ft \+bd «موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن»\+bd* ــ شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىتىلماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە. شۇڭا باشقا كۈپكە قۇيۇلماي قالسا، تەمى قىرتىق، ئاچچىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن»\+bd* ــ بۇ ئوخشىتىش بەلكىم موئابنىڭ ھېچ قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي، كۆرەڭلىك قىلغانلىقى، تولىمۇ كېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 48:11 \xt زەف. 1‏:12\x* \v 12 شۇڭا ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ كۈپلىرىنى قۇرۇقدايدۇ، ئۇنىڭ چۆگۈنلىرىنى چېقىۋېتىدۇ. \f □ \fr 48:12 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ بۇ ئوخشىتىشتىكى «شاراب» موئابتىكى ئاھالىنى، «كۈپلىرى»، «چۆگۈنلىرى» ئۇنىڭ يۇرت-شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 13 ئۆتكەندە ئىسرائىل جەمەتى ئۆز تايانچىسى بولغان بەيت-ئەل تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالغاندەك موئابمۇ كېموش تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالىدۇ.\f □ \fr 48:13 \ft \+bd «بەيت-ئەل»\+bd* ــ مۇشۇ شەھەر ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ چوڭ بۇتپەرەس مەركىزى بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردە «ئالتۇن موزاي بۇت»نى قۇرغان («1پاد.» 12-بابنى، «ھوش.» 5:10 ھەم 5:8-6، «ئام.» 10:7-17نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 48:13 \xt 1پاد. 12‏:29\x* \m \v 14 سىلەر قانداقمۇ: «بىز باتۇر، جەڭگىۋار پالۋانمىز!» ــ دېيەلەيسىلەر؟ \v 15 موئابنىڭ زېمىنى خارابە قىلىنىدۇ؛ \add دۈشمەن\add* ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ \add سېپىللىرىغا\add* چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېسىل يىگىتلىرى قەتل قىلىنىشقا چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پادىشاھ، يەنى نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \m \v 16 ــ موئابنىڭ ھالاكىتى يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ كۈلپىتى بېشىغا چۈشۈشكە ئالدىرايدۇ. \v 17 ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى بىلگەنلەر: «كۈچلۈك شاھانە ھاسىسى، گۈزەل تايىقىمۇ شۇنچە سۇندۇرۇلدىغۇ!» ــ دەڭلار. \v 18 شان-شۆھرىتىڭدىن چۈشۈپ قاغجىراپ كەتكەن يەردە ئولتۇر، ئى دىبوندا تۇرۇۋاتقان قىز؛ چۈنكى موئابنى ھالاك قىلغۇچى ساڭا جەڭ قىلىشقا يېتىپ كەلدى؛ ئۇ ئىستىھكام-قورغانلىرىڭنى بەربات قىلىدۇ. \m \v 19 يول بويىدا كۆزەت قىل، ئى ئاروئەردە تۇرۇۋاتقان قىز؛ بەدەر تىكىۋاتقان ئەردىن ۋە قېچىۋاتقان قىزدىن: «نېمە بولدى؟» دەپ سورا؛ \v 20 «موئاب خىجالەتكە قالدى، چۈنكى ئۇ بىتچىت قىلىندى!» \add دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ\add*. ئاھ-زار تارتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرۈڭلار؛ ئارنوندا: «موئاب ھالاك قىلىندى» ــ دەپ جاكارلاڭلار. \x + \xo 48:20 \xt يەش. 16‏:7\x* \v 21 جازا ھۆكۈمى تۈزلەڭلىك جايلىرى ئۈستىگە چىقىرىلدى؛ ھولون، ياھاز ۋە مەفائات ئۈستىگە، \v 22 دىبون، نېبو ھەم بەيت-دىبلاتائىم ئۈستىگە، \v 23 كىرىئاتايىم، بەيت-گامۇل ھەم بەيت-مېئون ئۈستىگە، \v 24 كېرىئوت، بوزراھ ھەم موئابدىكى يىراق-يېقىن بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ. \v 25 موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى سۇندۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 48:25 \ft \+bd «موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ»\+bd* ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە!\f* \v 26 ــ ئۇنى مەست قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ موئاب ئۆز قۇسۇقىدا ئېغىناپ ياتسۇن، شۇنىڭ بىلەن رەسۋا قىلىنسۇن. \f □ \fr 48:26 \ft \+bd «موئابنى مەست قىلىڭلار»\+bd* ــ يۇقىرىدا (25-بابتا) يەرەمىيا «پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە تولغان قەدەھ» توغرۇلۇق سۆزلىگەچكە، بەزى ئالىملار بۇ «مەستلىك» شۇ قەدەھتىن ئىچىشتىن بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بۇ بىر تەرەپتىن توغرا، خۇدانىڭ غەزىپى بېشىغا چۈشۈرۈلگەندە دەسلەپتىلا ئەقلىنى يوقىتىپ ئالجىغانلىقى بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ تەكىتلەيدىغىنى ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت.\f* \v 27 چۈنكى سەن \add موئاب\add* ئىسرائىلنى مازاق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوغرىلار قاتارىدا تۇتۇۋېلىنغانمۇ، سەن ئۇنى تىلغا ئالساڭلا بېشىڭنى چايقايسەن؟! \m \v 28 شەھەرلەردىن چىقىپ تاش-قىيالار ئارىسىنى تۇرالغۇ قىلىڭلار، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار؛ غار ئاغزىدا ئۇۋىلىغان پاختەكتەك بولۇڭلار! \m \v 29 بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقى، كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق. \f □ \fr 48:29 \ft \+bd «بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ...، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، .... كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز... ئاڭلىدۇق» دېگۈچى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. خۇدا ئۆزى توغرۇلۇق «بىز» دەپ ئىشلەتكەنلىكى تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردىمۇ بار؛ مەسىلەن «يار.» 26:1، 22:3، 7:11نى ھەم «يەش.» 8:6نى كۆرۈڭ. بەزى ئالىملار ئايەتتىكى «بىز»نى يەرەمىيا ھەم يەھۇدا خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 48:29 \xt يەش. 16‏:6\x* \v 30 مەن ئۇنىڭ نوچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق \add نوچىلىقى\add* كارغا يارىمايدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ. \v 31 شۇڭا مەن موئاب ئۈچۈن زار يىغلايمەن، موئابنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن زار-زار كۆتۈرىمەن؛ \m كىر-خارەسەتتىكىلەر ئۈچۈن ئاھ-پىغان ئاڭلىنىدۇ. \m \v 32 ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن؛ سېنىڭ پېلەكلىرىڭ سوزۇلۇپ، ئەسلىدە «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىغا يەتكەنىدى؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى. لېكىن سېنىڭ يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ئۈزۈم ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە بۇزغۇچى بېسىپ كېلىدۇ.\f □ \fr 48:32 \ft \+bd «ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن...»\+bd* ــ 30-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچى خۇدا بولغاندىن كېيىن («مەن ..بىلىمەن...») شۈبھىسىزكى، 31-، 32- ھەم 36-ئايەتلەردىكى سۆزلىگۈچىمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇدا يائازەردىكىلەرنى جازالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىبماھدىكى يوقىغان ئۈزۈمزارلار ئۈچۈن يىغلايدۇ. لېكىن خۇدا ئۇلارنى جازالىشى بىلەن ئۇلار بىلەن تەڭ قايغۇرىدۇ. \+bd ««ئۆلۈك دېڭىز»»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يائازەر دېڭىزى». \+bd «ئۇلار (سېنىڭ پېلەكلىرىڭ) ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى...»\+bd* ــ «يائازەر» بولسا موئابنىڭ شىمالىي چېگراسىغا يىراقراق بولۇپ، شەرق تەرىپى «چۆل-دالىلار»، غەرب تەرىپى «دېڭىز». دېمەك، موئاب خىلۋەت جاي بولغىنى بىلەن خېلى يىراقلارغا تەسىرى بولغان بىر مەملىكەتكە ئايلانغان. «يازلىق مېۋىلىرى» ئەنجۈر، خورما ۋە ئۈزۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 33 شۇنىڭ بىلەن شادلىق ۋە خۇشاللىق موئابنىڭ باغ-ئېتىزلىرىدىن ۋە زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ مەن ئۈزۈم كۆلچەكلەردىن شارابنى يوقىتىمەن؛ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەرنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى قايتىدىن ياڭرىمايدۇ؛ ئاۋازلار بولسا تەنتەنە ئاۋازلىرى ئەمەس، جەڭ ئاۋازلىرى بولىدۇ. \x + \xo 48:33 \xt يەش. 16‏:10\x* \v 34 چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. \f □ \fr 48:34 \ft \+bd «...نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ...»\+bd* ــ ئېلېئالاھ ھەشبوننىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 2 كىلومېتر يىراق؛ ياھاز ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن 2 كىلومېتر يىراق. بۇ ئۈچىسى موئابنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. زوئار، ھورونائىم ۋە ئەگلات-شېلىشىيا موئابنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى، «تاجاۋۇزلۇق باشلاندى» دېگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر موئابنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا پۇر كېتىدۇ.\f*  \x + \xo 48:34 \xt يەش. 15‏:5، 6\x* \v 35 مەن موئابتا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى ۋە يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى يوقىتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 48:35 \ft \+bd «يۇقىرى جايلار»\+bd* ــ بۇتپەرەسلىككە ئاتاپ بېغىشلانغان جايلار ئىدى.\f* \m \v 36 ــ شۇڭا مېنىڭ قەلبىم موئاب ئۈچۈن نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ مېنىڭ قەلبىم كىر-ھەرەستىكىلەر ئۈچۈنمۇ نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىگىلىۋالغان بايلىق-خەزىنىلەر يوقاپ كېتىدۇ. \v 37 ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن. \f □ \fr 48:37 \ft \+bd «ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ماتەمنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 48:37 \xt يەش. 15‏:2، 3؛ يەر. 47‏:5\x* \v 38 موئابنىڭ بارلىق ئۆي ئۆگزىلىرى ئۈستىدە ۋە مەيدانلاردا ماتەم تۇتۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ؛ چۈنكى مەن موئابنى ھېچكىمگە ياقمايدىغان بىر قاچىدەك چېقىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \v 39 ــ ئۇلار پىغاندىن زارلىشىدۇ؛ \add موئاب\add* شۇنچىلىك پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇكى، ئۇ خىجالەتتىن كۆپچىلىككە ئارقىسىنى قىلىدۇ؛ موئاب ئەتراپىدىكى ھەممە تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنىدىغان، ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ.\f □ \fr 48:39 \ft \+bd «ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت»\+bd* ــ باشقىلار موئابنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئاپەتكە قاراپ «بۇنداق دەھشەتلىك ئىش ئۆز بېشىمىزغىمۇ چۈشەرمۇ؟» دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.\f* \m \v 40 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قاناتلىرىنى كېرىپ \add پەرۋاز قىلىپ\add*، موئاب ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. \x + \xo 48:40 \xt يەر. 4‏:13\x* \v 41 شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ، ئىستىھكاملار ئىگىلىۋېلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى موئابدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. \f □ \fr 48:41 \ft \+bd «شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ»\+bd* ــ «شەھەرلىرى»نىڭ باشقا تەرجىمىسى «كېرىيوت» (شەھەرنىڭ ئىسمى).\f* \v 42 موئاب ئەل قاتارىدىن يوقىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ \v 43 ۋەھشەت، ئورا ۋە قىلتاق بېشىڭلارغا چۈشۈشنى كۈتمەكتە، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 44 ــ ۋەھشەتتىن قاچقان ئورىغا يىقىلىدۇ؛ ئورىدىن چىققان قىلتاققا تۇتۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنى موئاب ئۈستىگە جازالىنىش يىلىنى چۈشۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 48:44 \ft \+bd «جازالىنىش يىلى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىنىشى يىلى».\f* \m \v 45 قاچقانلار ھەشبون \add سېپىلىنىڭ\add* دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم \add مەھرۇم\add* سىھون \add پادىشاھ\add*نىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ ۋە موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. \f □ \fr 48:45 \ft \+bd قاچقانلار ھەشبون سېپىلىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم (مەھرۇم) سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ»\+bd* ــ ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ھەشبون شەھىرىنى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن موئابنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى («چۆل.» 28:21-29نى كۆرۈڭ). \+bd «ئوت.... موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ»\+bd* ــ «چېكىلىرىنى... باش چوققىلىرىنى...» بەلكىم موئابنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن «باش بولغانلارنى» ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. يەرەمىيانىڭ بېشارىتى ئالدىنئالا كۆرسەتكەن بۇ ھالاكەت تېخىمۇ قەدىمكى يەنە بىر بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولىدۇ («چۆل.» 17:24نى ۋە 28:21-29نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 48:45 \xt چۆل. 21‏:28\x* \v 46 ھالىڭغا ۋاي، ئى موئاب! كېموشقا تەۋە بولغان ئەل نابۇت بولدى؛ ئوغۇللىرىڭ ئەسىرگە چۈشىدۇ، قىزلىرىڭ سۈرگۈن بولىدۇ. \v 47 لېكىن، ئاخىرقى زامانلاردا موئابنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m موئاب ئۈستىگە چىقىرىدىغان ھۆكۈم مۇشۇ يەرگىچە. \b \b \m \c 49 \s1 «4» ئاممونىيلار توغرۇلۇق ھۆكۈم \m \v 1 ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟ \f □ \fr 49:1 \ft \+bd «مىلكوم»\+bd* ــ ئاممونىيلار چوقۇنغان بۇت ئىدى. گاد بولسا ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بىرى؛ ئۇلارغا ئەسلىدە تەقسىم قىلىنغان زېمىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ئىدى. يەرەمىيا بېشارەت بەرگەن ۋاقىتتا، گادتىكىلەر خېلى بالدۇر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولغانىدى. كېيىن ئەسلىي قوشنىلىرى بولغان ئاممونىيلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى. خۇدا ئۇلارغا: «بۇ زېمىننى ئۆز خەلقىمگە تەقسىم قىلغانىدىم، ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 49:1 \xt ئام. 1‏:13\x* \v 2 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \x + \xo 49:2 \xt ئام. 1‏:14\x* \v 3 ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ. \f □ \fr 49:3 \ft \+bd «سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلار تىتما-تىتما تىلىنغان ھالدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈڭلار». \+bd «مىلكوم»\+bd* ــ ئاممونىيلارنىڭ بىر بۇتى ئىدى. باشقا ئىسمى «مولەك» ئىدى.\f*  \x + \xo 49:3 \xt يەش. 32‏:12؛ يەر. 4‏:8؛ 6‏:26؛ 48‏:7 \x* \v 4 نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! \x + \xo 49:4 \xt يەر. 21‏:13؛ 48‏:7\x* \v 5 مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەيبىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. \v 6 لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \s1 «5» ئېدوم توغرۇلۇق ھۆكۈم \m \v 7 ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! \f □ \fr 49:7 \ft \+bd «ئېدوم توغرۇلۇق: ...»\+bd* ــ بۇ بېشارەت (7-22)نىڭ تەۋراتتىكى «ئوبادىيا» دېگەن قىسىم بىلەن كۆپ ئورتاق يەرلىرى بار. ئوبادىياغا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە چۈشەندۈرگىنىمىزدەك ئىشىنىمىزكى، يەرەمىيا پەيغەمبەر خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ئوبادىيانىڭ بېشارىتىدىكى كۆپ سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئىككى بېشارەتنىڭ بەزى يەرلىرى ئوخشىمىغاچقا، سۆزلىرىدىكى پەرقلەرنى تېپىپ سېلىشتۇرۇشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بار. \+bd «تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟!»\+bd* ــ تېمان ئېدومدىكى چوڭ شەھەر. ئېدومدىكىلەر ئۆز دانىشمەنلىرى بىلەن ئىنتايىن مەغرۇرلىناتتى.\f*  \x + \xo 49:7 \xt ئ‍وب. 8\x* \v 8 بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن. \f □ \fr 49:8 \ft \+bd «پىنھان جايلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چوڭقۇر جايلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ بەلكىم ھەرخىل غار-ئۆڭكۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن»\+bd* ــ ئېدومنىڭ باشقا ئىسمى «ئەساۋ» ئىدى. مۇشۇ بېشارەتتە «ئېدوم» ياكى «ئەساۋ» ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئېدوملۇقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 49:8 \xt يەر. 25‏:23\x* \v 9 ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 49:9 \ft \+bd «ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئالغاندا ئۈزگۈچىلەر كەمبەغەللەرنىڭ تېرىۋېلىشى ئۈچۈن بىرئاز ۋاساڭلارنى قالدۇرۇش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 10:19). ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان.\f*  \x + \xo 49:9 \xt ئ‍وب. 5\x* \v 10 مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ. \v 11 لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنىڭلار ماڭا تايانسۇن. \v 12 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، \add غەزىپىمنىڭ\add* قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. \f □ \fr 49:12 \ft \+bd «غەزىپىمنىڭ قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار»\+bd* ــ يەھۇدا ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۆتەر يولىغا «تاسادىپىي» ئۇدۇل كېلىپ قالغان، يەھۇدانىڭ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ گۇناھلىرى بىلەن مۇناۋەتسىز بولغان باشقا ئەللەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 13 چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ.\f □ \fr 49:13 \ft \+bd «ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى». \+bd «بوزراھ ... رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت»\+bd* ــ «بوزراھ» بەلكىم ئېدومدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 14 مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ \m ئۇ: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىڭلار! ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ.\f □ \fr 49:14 \ft \+bd «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى»\+bd* ــ «ئەللەر» ئىسرائىلغا يات بولغان ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار»\+bd* ــ «ئۇنىڭغا» يەنى ئېدومغا. بەلكىم بۇ ئەلچى دۈشمەن ئەللەرنىڭ بىرىدىن چىققان بولۇپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى ئېدومنى يوقىتىشقا چاقىرىدۇ.\f*  \x + \xo 49:14 \xt ئ‍وب. 1\x* \m \v 15 مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، \m ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن.\f □ \fr 49:15 \ft \+bd «مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن»\+bd* ــ «سېنى» ــ خۇدا ھازىر ئېدومنى «سېنى» دەپ، ئۇلارغا بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ.\f* \m \v 16 سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ، \m كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇقۇڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى؛ \m ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، \m تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى، \m گەرچە سەن چاڭگاڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك يۇقىرى ياسىساڭمۇ، \m مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرىۋېتىمەن، \m ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 49:16 \ft \+bd «ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئېدوم پىنھانراق، چىقىش ئىنتايىن تەس بولغان تاغلىق رايوندا ئىدى. «تىك قىيا» («سېلا») دېگەن سۆز موئابنىڭ «سېلا» ئىسىملىك (ھازىرقى «پېترا»)، ئىنتايىن پىنھان بىر شەھىرىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.\f*  \x + \xo 49:16 \xt يەر. 48‏:29\x* \m \v 17 ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛ \m ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ.\x + \xo 49:17 \xt يەر. 50‏:13\x* \m \v 18 سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. \x + \xo 49:18 \xt يار. 19‏:25؛ يەر. 50‏:40؛ ئام. 4‏:11\x* \v 19 مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى \add قويلارنى\add* تارقاتقان بىر شىردەك مەن \add ئېدومدىكىلەرنى\add* بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ \f □ \fr 49:19 \ft \+bd «دائىم ئېقىۋاتقان شۇ سۇلار»\+bd* ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى.\f*  \x + \xo 49:19 \xt ئايۇپ 41‏:2؛ يەر. 12‏:5؛ 50‏:44\x* \v 20 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. \x + \xo 49:20 \xt يەر. 50‏:45\x* \v 21 ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ. \v 22 مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ.\f □ \fr 49:22 \ft \+bd «بوزراھ»\+bd* ــ ئىنتايىن يۇقىرى قىيا تاش ئۈستىگە، «بۈركۈتنىڭ چاڭگىلى»دەك جايلاشقانىدى.\f*  \x + \xo 49:22 \xt يەر. 48‏:40،41\x* \b \m \s1 «6» سۇرىيە پايتەختى دەمەشق توغرۇلۇق ھۆكۈم \m \v 23 دەمەشق توغرۇلۇق: ــ \m خامات، ئارپاد شەھىرىدىكىلەر خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار شۇم خەۋەر ئاڭلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ. \f □ \fr 49:23 \ft \+bd «داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ھېچ ئارام تاپمايدۇ». خامات ھەم ئارپاد دېگەن ئىككى شەھەر نېبوقادنەسار مىسىرغا يۈرۈش قىلغان چاغدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 604-يىلى) بېسىپ ئۆتكەن جايلار ئىدى. شۈبھىسىزكى، نېبوقادنەسار ئۇلارغىمۇ ھۇجۇم قىلغانىدى. مۇشۇ ئىككى شەھەر دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كىچىك پادىشاھلىقلار ئىدى.\f*  \x + \xo 49:23 \xt يەش. 17‏:1\x* \v 24 دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. \x + \xo 49:24 \xt يەر. 4‏:31؛ 6‏:24؛ 30‏:6\x* \v 25 نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ! \v 26 شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ \v 27 ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.\f □ \fr 49:27 \ft \+bd «بەن-ھاداد»\+bd* ــ دەمەشقنىڭ كۆپلىگەن پادىشاھلىرىنىڭ ئىسمى ئىدى.\f*  \x + \xo 49:27 \xt ئام. 1‏:4،14\x* \b \m \s1 «7» كېدار ھەم ھازور توغرۇلۇق ھۆكۈم \m \v 28 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ \m پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛ \f □ \fr 49:28 \ft \+bd «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!»\+bd* ــ بۇ سۆز نېبوقادنەسارنىڭ قوشۇنىغا ئېيتىلىشى مۇمكىن. كېدار ۋە ھازورمۇ چارۋىچى كۆچمەن خەلق بولۇپ، چېدىردا ياشاپ، سېپىل-دەرۋازىلىق بولمىغان، ئەلۋەتتە.\f* \v 29 ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. \v 30 قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان. \m \v 31 ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \f □ \fr 49:31 \ft \+bd «ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزمۇ بەلكىم نېبوقادنەسارنىڭ قوشۇنىغا ئېيتىلىشى مۇمكىن. كېدار ۋە ھازوردىكىلەر چېدىرلاردا تۇرۇپ، ھېچ سېپىل-دەرۋازىلىق بولغان ئەمەس.\f* \v 32 ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \f □ \fr 49:32 \ft \+bd «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەر»\+bd* ــ «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگۈش» كېداردىكىلەر ھەم ھازوردىكىلەرنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 49:32 \xt يەر. 9‏:25؛ 25‏:23\x* \v 33 ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. \x + \xo 49:33 \xt يەر. 9‏:10؛ 10‏:22\x* \b \m \s1 «8» ئېلام توغرۇلۇق ھۆكۈم \m \v 34 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: ــ \m \v 35 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. \f □ \fr 49:35 \ft \+bd «ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسى...»\+bd* ــ ئېلام ھازىرقى ئىران زېمىنىدا تۇرغان بىر خەلق ئىدى. ئېلامنىڭ قوشۇنىنىڭ چەنلەپ ئاتىدىغان، دەھشەتلىك مەرگەن ئوقياچىلىرى بىلەن داڭقى چىققانىدى.\f* \v 36 ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ. \v 37 مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن. \v 38 مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 39 ــ لېكىن ئاخىرقى زامانلاردا، مەن ئېلامنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 49:39 \xt يەر. 48‏:47\x* \b \b \m \c 50 \s1 «9» بابىل توغرۇلۇق ھۆكۈم \m \v 1 پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ \m \v 2 ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۈغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار. \f □ \fr 50:2 \ft \+bd «ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار...! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى»\+bd* ــ بابىل شەھىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ئىسرائىلنىڭ بىرىنچى سۈرگۈنىدىن 70 يىل كېيىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بولغان. «بەل» ھەم «ماردۇك» (ياكى «مېروداق») بابىلدىكى ئىككى چوڭ بۇتنىڭ ئىسمى ئىدى.\f*  \x + \xo 50:2 \xt يەش. 46‏:1؛ يەر. 51‏:44\x* \v 3 چۈنكى شىمالدىن ئۇنىڭغا جەڭ قىلماقچى بولغان بىر ئەل كېلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ؛ ئىنسان ھەم ھايۋانمۇ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار يوق بولىدۇ. \v 4 شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ. \v 5 ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» ــ دەيدۇ. \m \v 6 ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر. \v 7 ئۇلارنى ئۇچراتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، كۈشەندىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق: «بىزدە \add بۇ ئىشلاردا\add* ھېچ گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ھەققانىيلىقنىڭ يايلاق-تۇرالغۇسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان!» ــ دېگەن.\x + \xo 50:7 \xt يەر. 31‏:23\x* \m \v 8 \add ئى خەلقىم\add*، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ چىقىڭلار، پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار. \f □ \fr 50:8 \ft \+bd «ئى خەلقىم، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، ... پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى پادىچىلار تېكىلەرنى قوي پادىلىرىغا «يېتەكچى رول»دا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا «پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار» دېگىنى، «بىرىنچى بولۇپ بابىلدىن چىقىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇڭلار» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 50:8 \xt يەش. 48‏:20؛ يەر. 51‏:6؛ ۋەھ. 18‏:4\x* \v 9 ــ چۈنكى مانا، شىمالىي زېمىندىن بابىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان زور بىر توپ ئۇلۇغ ئەللەرنى قوزغايمەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى سەپكە قوشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بابىل شۇ يەردىن چىققانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ. \f □ \fr 50:9 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ»\+bd* ــ دېمەك، بەتلەنگەن ھەربىر ئوقى زايە كەتمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى جەڭدىن قولى قۇرۇق (ئولجىسىز) قايتىپ كەلمەيدىغان باتۇر جەڭچىلەردەك بولىدۇ...».\f* \v 10 كالدىيە بولسا ئولجا بولىدۇ؛ ئولجا ئالغان بارلىق بۇلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \v 11 ــ چۈنكى سىلەر شادلانغانسىلەر، سىلەر يايراپ كەتكەنسىلەر، ئى مىراسىم بولغان \add خەلقىمنى\add* بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلار! چۈنكى سىلەر چېمەندە تۇرغان موزايلاردەك سەكرىگەنسىلەر، ئايغىرلاردەك خۇشاللىقتىن كىشنىگەنسىلەر! \v 12 ئەمدى ئانا \add يۇرتۇڭ\add* زور خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ رەسۋاچىلىق سېنى تۇغغۇچىنى قاپلايدۇ؛ مانا، ئۇ ئەللەرنىڭ داشقىلى، ــ بىر جاڭگال، قاغجىراق يەر ۋە چۆل-باياۋان بولۇپ قالىدۇ. \v 13 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ھېچ ئاھالىسى بولمايدۇ، بەلكى تولۇق تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ؛ بابىلدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇش-ئۇش قىلىدۇ.\x + \xo 50:13 \xt يەر. 49‏:17\x* \b \m \v 14 بابىلغا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەپكە تىزىلىڭلار، بارلىق ئوقياچىلار؛ ئۇنىڭغا ئېتىڭلار، ئوقلارنى ھېچ ئايىماڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان. \v 15 ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇ تەسلىم بولۇپ قول كۆتۈرىدۇ؛ مۇنارلىرى ئۆرۈلىدۇ، سېپىللىرى غۇلىتىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالغان قىساسىدۇر. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار؛ ئۇ باشقىلارغا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار. \x + \xo 50:15 \xt ۋەھ. 18‏:6\x* \v 16 بابىلدىن ئۇرۇق تېرىغۇچى ھەم ھوسۇل ۋاقتىدىكى ئورغاق سالغۇچىلارنى يوق قىلىڭلار؛ زۇلۇمكارنىڭ قىلىچىنىڭ قورقۇنچى تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن!\f □ \fr 50:16 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن!»\+bd* ــ «ھەربىرى... ھەربىرى...» بەلكى بابىلدا «قارا ئەمگەك» قىلغان چەتئەللىك ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار نۇرغۇن يەھۇدىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان. \v 18 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى جازالىغىنىمدەك، مەن بابىل پادىشاھىنى ھەم زېمىنىنى جازالايمەن. \x + \xo 50:18 \xt 2پاد. 19‏:35، 37؛ يەش. 37‏:36، 38\x* \v 19 مەن ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتۇرىمەن، ئۇ كارمەل تېغىدا، باشان زېمىنىدا ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ئەفرائىم تېغى ئۈستىدە ھەم گىلېئاد زېمىنىدا قانائەتلىنىدۇ. \v 20 شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. \m \v 21 ــ مېراتائىمنىڭ زېمىنىغا زەرب بىلەن جەڭ قىلىشقا، پېكودتا تۇرۇۋاتقانلارغىمۇ جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ ئۇلارنى ۋەيران قىلىڭلار، قالدۇقىنىمۇ ھالاك قىلىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن نېمىنى ساڭا بۇيرۇغان بولسام شۇنى ئادا قىلىڭلار. \f □ \fr 50:21 \ft \+bd «مېرىئاتائىمنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ «مېراتائىم» بولسا بابىل زېمىنىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەر. ئىسمى «ئىككى ھەسسىلىك ئاسىيلىق» دېگەن مەنىدە، بابىلنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتەي مىسالغا ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. «پېكود»دىكىلەر ئارامىيەدىكى خەلق بولۇپ، بابىلغا ئىتتىپاقداش ئىدى؛ «پېكود»نىڭ مەنىسى «جازا»دۇر. \fp ئايەتتە بېرىلگەن بۇيرۇقلار يەنىلا شىمالدىن چىققان قوشۇنلارغا ئېيتىلىشى كېرەك.\f* \v 22 جەڭ سادالىرى \add بابىل\add* زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ زور ھالاكەتنىڭ ساداسىدۇر! \v 23 ئەسلىدە پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئۇرغان بازغان شۇ دەرىجىدە سۇندۇرۇپ چېقىۋېتىلدىغۇ! بابىل ئەللەر ئارىسىدا شۇنچە بىر دەھشەت باسقۇچى بولۇپ چىققانتىغۇ! \f □ \fr 50:23 \ft \+bd «بازغان»\+bd* ــ باشقا كۆپ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتكەن بابىلنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 24 مەن ساڭا تۇزاق قۇردۇم؛ سەن، ئى بابىل، ھېچ بىلمەيلا ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇڭ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىشىڭ تۈپەيلىدىن سەن تېپىلىپ تۇتۇلدۇڭ. \v 25 پەرۋەردىگار قورال ئامبىرىنى ئېچىپ، غەزىپىدىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقاردى؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا قىلىدىغان ئىشى باردۇر. \m \v 26 ئۇنىڭ ھەر چەت-چەتلىرىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار! \f □ \fr 50:26 \ft \+bd «...ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئاش-بۇغداينى ساقلىغان ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار؛ ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار!».\f* \v 27 ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئۇلار سويۇلۇشقا چۈشسۇن! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنى، يەنى جازالىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. \f □ \fr 50:27 \ft \+bd «ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!»\+bd* ــ «تورپاقلىرى» بەلكىم ھەم بابىلنىڭ سەرخىل مال-ۋارانلىرىنى كۆرسەتكەن ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 28 ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! \m \v 29 بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. \x + \xo 50:29 \xt ۋەھ. 18‏:6، 7\x* \v 30 شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ؛ شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچى پالۋانلىرى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 50:30 \xt يەر. 49‏:26\x* \m \v 31 مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۇچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ \v 32 كۆرەڭلەپ كەتكۇچى پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ؛ بەرھەق، مەن ئۇنىڭ شەھەرلىرىگە ئوت ياقىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدۇ. \m \v 33 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىللار يەھۇدالار بىلەن بىللە ئېزىلىپ خورلۇقنى كۆرگەن؛ ئۇلارنى ئەسىر قىلغانلار ئۇلارنى قاتتىق قاماپ تۇتقانىدى؛ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلغان. \v 34 لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ. \v 35 كالدىيلەر ئۈستىگە، بابىلدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە ھەمدە بابىلنىڭ ئەمىرلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ئۈستىگە قىلىچ چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \v 36 قىلىچ پالچىلار ئۈستىگە چۈشكەندە، ئۇلار ھاماقەت-ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ؛ قىلىچ ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ؛ \v 37 قىلىچ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ئۈستىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە تۇرغان بارلىق يات لەشكەرلەر ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولىدۇ؛ قىلىچ خەزىنىلىرى ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. \v 38 قۇرغاقچىلىق ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ؛ بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن. \f □ \fr 50:38 \ft \+bd «بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولغان، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلىرىنى داڭلاپ كەتكەنىدى».\f* \v 39 شۇڭا چۆلدىكى جانىۋارلار ۋە چىلبۆرىلەر بىرلىكتە شۇ يەردە تۇرىدۇ؛ شۇ يەردە ھۇۋقۇشلار ماكانلىشىدۇ؛ ئۇ مەڭگۈگە ئادەمزاتسىز بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ ئاھالىلىك بولمايدۇ. \v 40 خۇدا سودوم ۋە گوموررانى ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىللە ئۆرۈۋەتكىنىدەك، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\x + \xo 50:40 \xt يار. 19‏:25؛ يەر. 49‏:18\x* \m \v 41 ــ مانا، شىمالدىن بىر خەلق، ئۇلۇغ بىر ئەل چىقىپ كېلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن نۇرغۇن پادىشاھلار قوزغىلىدۇ. \x + \xo 50:41 \xt يەر. 6‏:22،30\x* \v 42 ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى! \v 43 بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ. \x + \xo 50:43 \xt يەر. 49‏:24\x* \v 44 مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ \f □ \fr 50:44 \ft \+bd «دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار»\+bd* ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۆزى.\f*  \x + \xo 50:44 \xt ئايۇپ 41‏:2؛ يەر. 49‏:19،22\x* \m \v 45 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ بابىلنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن \add پەرۋەردىگار\add* ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. \x + \xo 50:45 \xt يەر. 49‏:20\x* \v 46 بابىلنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ يەر يۈزى تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ نالە-پەريادى بارلىق ئەللەرگىچە ئاڭلىنىدۇ.\x + \xo 50:46 \xt يەر. 49‏:21\x* \b \b \m \c 51 \s1 بابىل توغرۇلۇق ھۆكۈم ــ داۋامى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛ \f □ \fr 51:1 \ft \+bd «لەب-كاماي»\+bd* ــ كالدىيەنى بىر كىنايىلىككىنايىلىك «شىفىر» ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. شىفىرنى ئىپادىلەش يولى بولسا، «كالدىيە» دېگەن سۆزنىڭ ھەربىر ھەرپىنى ئىبرانىي تىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئارقىدىن ئوقۇلغان ھەرپ بىلەن ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا بولسا، «ئا»نى «ي» بىلەن، «ئە»نى «ئى» بىلەن ئالماشتۇرغانغا ئوخشاش). «لەب-كاماي» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى ئىبرانىي تىلىدا «تەتۈرچىلىك قىلغانلارنىڭ قەلبى»، «ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ قەلبى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىنتايىن كىنايىلىك گەپتۇر. \fp «شامال» بولسا، بەلكىم 2-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «يات ئادەملەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 51:1 \xt يەر. 4‏:11\x* \v 2 مەن بابىلغا يات ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنى سورۇۋېتىدۇ، زېمىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە ئۇلار ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشىلىشىشقا كېلىدۇ. \x + \xo 51:2 \xt يەر. 4‏:11؛ 15‏:7\x* \v 3 ئۇنىڭ ئوقياچىلىرىغا كىرىچنى تارتقۇدەك، ئورنىدىن تۇرغۇچىلارغا دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيگۈدەك پۇرسەت بەرمەڭلار؛ ئۇنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى بىتچىت قىلىڭلار. \v 4 كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا سانجىلغانلار، كوچىلىرىدا قىلىچلانغانلار يىقىلسۇن! \x + \xo 51:4 \xt يەر. 49‏:26\x* \v 5 چۈنكى ئىسرائىل ياكى يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئەمەس؛ چۈنكى \add بابىلنىڭ\add* زېمىنى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئالدىدا سادىر قىلغان گۇناھ بىلەن تولغاندۇر. \v 6 \add بارلىق ئەللەر\add*، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ئۇنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ ھالاك بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ.\f □ \fr 51:6 \ft \+bd «بارلىق ئەللەر، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ... چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەر «بارلىق ئەللەر»گە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلغا ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. 45-ئايەتتە ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ، لېكىن بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە بابىلدا ھەربىر ئەللەرگە ئېيتىلىدۇ. چۈنكى 9-ئايەتتە قاچقانلار «ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى» دېيىشىدۇ.\f*  \x + \xo 51:6 \xt يەر. 50‏:8،15،28؛ ۋەھ. 18‏:4\x* \m \v 7 بابىل پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى پۈتكۈل جاھاننى مەست قىلغۇچى ئالتۇن قەدەھ بولغان؛ ئەللەر ئۇنىڭ شارىبىدىن ئىچكەن؛ ئەللەر شۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ كەتكەن. \f □ \fr 51:7 \ft \+bd «ئەللەر .... ساراڭ بولۇپ كەتكەن»\+bd* ــ بەلكىم بابىلنىڭ گۇناھىغا چېتىلىپ، شۇنىڭدەك جازاسىغىمۇ چېتىلىپ قېلىپ تولىمۇ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ.\f*  \x + \xo 51:7 \xt ۋەھ. 18\x* \v 8 بابىل تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىتچىت بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن تۇتىيا ئېلىڭلار؛ ئۇ بەلكىم ساقايتىلارمىكىن؟\x + \xo 51:8 \xt يەش. 21‏:9؛ يەر. 8‏:22؛ ۋەھ. 14‏:8؛ 18‏:2\x* \m \v 9 ــ «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ».\f □ \fr 51:9 \ft \+bd «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى»\+bd* ــ قارىغاندا بۇ سۆزلەر بابىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئەللەرنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرى. «ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ» دېگەننى، خۇدانىڭ جازالىرىنى قوزغىغان، كونا زاماندىكى بابىل (بابەل)لىقلار قۇرماقچى بولغان «ئاسمانغا تاقىشىدىغان» مۇنار بىلەن سېلىشتۇرۇش پايدىلىق ئىش بولىدۇ. («يار.» 1:11-9نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 51:9 \xt يەر. 46‏:11\x* \m \v 10 ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر؛ كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!»\f □ \fr 51:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلغاندۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن «تسەدەكاھ» (ھەققانىيلىق) تەۋراتتىكى باشقا ھېچ يەردە شۇنداق مەنىدە تېپىلمايدۇ. بىزنىڭچە بۇ سۆز ئىسرائىلنىڭ (ھەممىمىزگە ئوخشاش) ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ھەققانىيلىقى بولمىغاچقا، خۇدا ئۇلارغا ھەققانىيلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى ھەققانىلىق ئۆزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كېلىدۇ؛ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» ــ بۇ مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىنىڭ، شۇنىڭدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ بىر نامىدۇر. 6:23نى ھەم 16:33نى كۆرۈڭ. \+bd «كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!»\+bd* ــ 9-ئايەتتىكى سۆزلەرنى كەلگۈسىدە بابىلدىن قاچىدىغان يات ئەللەر ئېيتىدۇ؛ 10-ئايەتتىكى سۆزلەرنى شۈبھىسىزكى، كەلگۈسىدە قانائان (پەلەستىن)غا قايتىپ كېلىدىغان ئىسرائىلنىڭ قالدىسى ئېيتىدۇ.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگار مېدىئا قوشۇنلىرىغا، ئاندىن بابىلغا سۆز قىلىدۇ \m \v 11 ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر. \x + \xo 51:11 \xt يەر. 46‏:4؛ 50‏:28\x* \v 12 بابىلنىڭ سېپىللىرىغا قارىتىپ جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار؛ كۆزەتنى تېخىمۇ چىڭراق قىلىڭلار، كۆزەتچىلەرنى \add بابىلنى چۆرىدىتىپ\add* سەپتە تۇرغۇزۇڭلار؛ بۆكتۈرمە قويۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلدىكىلەرنىڭ جازاسى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى كۆڭلىدە پەملەپ، ئۇنى ئادا قىلىدۇ. \m \v 13 ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى. \b \m \v 14 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى.\x + \xo 51:14 \xt ئام. 6‏:8\x* \m \v 15 ــ ئۇ بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياساپ، \m ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلىپ، \m ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر؛\x + \xo 51:15 \xt يار. 1‏:1؛ ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 44‏:24؛ 51‏:13؛ يەر. 10‏:12\x* \m \v 16 ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ \m ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ \m ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، \m شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.\x + \xo 51:16 \xt يەر. 10‏:13\x* \m \v 17 بۇ \add بۇتپەرەسلەرنىڭ\add* ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ \m ھەربىر زەرگەر ئۆزى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، \m ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. \m \v 18 ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ \m ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازالىنىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. \m \v 19 ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر؛ \m چۈنكى ھەممىنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ \m ىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىسىدۇر؛ \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.\f □ \fr 51:19 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى...»\+bd* ــ ياقۇپ مۇشۇ يەردە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى» خۇدانىڭ ئۆزىدۇر، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 51:19 \xt يەر. 10‏:16\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا سۆز قىلىدۇ \m \v 20 سەن \add ئىسرائىل\add* مېنىڭ گۆرزەم، \m مېنىڭ جەڭ قورالىمدۇرسەن؛ \m سېنىڭ بىلەن مەن ئەللەرنى بىتچىت قىلىمەن، \m سېنىڭ بىلەن پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلىمەن؛\f □ \fr 51:20 \ft \+bd «سەن ئىسرائىل مېنىڭ گۆرزەم، مېنىڭ جەڭ قورالىمدۇرسەن؛ سېنىڭ بىلەن مەن ئەللەرنى بىتچىت قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلىمەن...»\+bd* ــ ئەينى تېكىستتە پەقەتلا «سەن ئىسرائىل مېنىڭ گۆرزەم» ېيىلىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرى كىمگە ئېيتىلىدۇ؟ \fp بەزى ئالىملار (پېئىللارنى «ئۆتكەن زامان»غا ئۆزگەرتىپ) بابىلغا ئېيتىلغان، دەپ قارايدۇ. باشقىلار (كەلگۈسىدە بابىل ئىمپېرىيەسىنى ۋەيران قىلىدىغان) پارس ئىمپېرىيەسىگە ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ بىراق بىزنىڭچە ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ئۆزىگە ئېيتىلىدۇ (24-ئايەتنى كۆرۈڭ). باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بويىچىمۇ، ئاخىرقى زامانلاردا ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ بىر جازالاش قورالى بولىدۇ (مەسىلەن، «يەش.» 5:41، «زەك.» 7:12نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 51:20 \xt يەر. 50‏:23\x* \m \v 21 سېنىڭ بىلەن ھەم ئات ھەم ئات مىنگۈچىنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m سېنىڭ بىلەن ھەم جەڭ ھارۋىسى ھەم ھەيدىگۈچىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m \v 22 سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m سېنىڭ بىلەن ھەم قېرى ھەم ياشلارنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m سېنىڭ بىلەن ھەم يىگىت ھەم قىزنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m \v 23 سېنىڭ بىلەن ھەم پادىچى ھەم قوي پادىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m سېنىڭ بىلەن ھەم دېھقان ھەم بويۇنتۇرۇققا قېتىلغان كالىلىرىنى بىتچىت قىلىمەن؛ \m سېنىڭ بىلەن ھەم ۋالىيلار ھەم ھۆكۈمرانلارنى بىتچىت قىلىمەن. \m \v 24 ــ مەن كۆز ئالدىڭلاردا بابىلنىڭ ھەم بارلىق كالدىيلەرنىڭ زىئوندا قىلغان بارلىق رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ ياندۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \v 25 ــ مانا، مەن سەن \add بابىلغا\add* قارشىمەن، ئى پۈتكۈل يەر يۈزىنى ھالاك قىلغۇچى تاغ؛ \m مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە سوزۇپ، \m سېنى تىك يارلاردىن غۇلىتىپ، \m دومىلىتىپ چۈشۈرۈپ، سېنى كۆيۈپ تۈگىگەن بىر يانار تاغ قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 26 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەندىن بۈرجەك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تاش تاپالمايدۇ، \m ياكى ئۇل ئۈچۈنمۇ ھېچيەردىن تاش تاپالمايدۇ؛ \m چۈنكى سەن مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \v 27 ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار، \m ئەللەر ئارىسىدا كاناي چېلىڭلار؛ \m بابىلغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار؛ \m ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىناز پادىشاھلىقلىرىنى چاقىرىپ يىغىڭلار؛ \m ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇنلارغا بىر سەردار بېكىتىڭلار؛ \m ئاتلارنى توپ-توپ چېكەتكە لېچىنكىلىرىدەك زېمىنغا تۈركۈملەپ چىقىرىڭلار؛\f □ \fr 51:27 \ft \+bd «چېكەتكە لېچىنكىلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز بەلكىم چېكەتكە لېچىنكىسىنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى ئەڭ زىيانلىق باسقۇچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 28 ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار، \m ــ مېدىئالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنلارنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى تەييارلاڭلار! \v 29 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى تەۋرىنىپ ئازابلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى باغلىغان نىيەتلىرى، يەنى بابىلنىڭ زېمىنىنى ھېچ ئادەم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋان قىلىۋېتىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. \b \m \v 30 بابىلدىكى پالۋانلار ئۇرۇشتىن قول ئۈزىدۇ؛ \m ئۇلار قورغانلىرىدا ئامالسىز ئولتۇرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ دەرمانى قالمايدۇ، \m ئۇلار ئاياللاردەك بولۇپ قالىدۇ؛ \m ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ؛ \m دەرۋازا سالاسۇنلىرى سۇندۇرۇلىدۇ.\x + \xo 51:30 \xt يەر. 50‏:37\x* \m \v 31 يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر چاپارمەن يەنە بىر چاپارمەنگە، بىر خەۋەرچى يەنە بىر خەۋەرچىگە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا: ــ \m «سىلىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرى ئۇ چەتتىن بۇ چەتكىچە ئىشغال قىلىندى؛ \m \v 32 دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى، \m قومۇشلۇقلار ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، \m پالۋانلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشۈشتى!» \m ــ دەپ جاكارلىشىدۇ.\f □ \fr 51:32 \ft \+bd «دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى، قومۇشلۇقلار ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، پالۋانلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشۈشتى!» ــ دەپ جاكارلىشىدۇ»\+bd* ــ بابىلنىڭ قانداق يول بىلەن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. پارس قوشۇنى ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەريا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قۇرۇپ كېتىدۇ. پارسلار سۇ يوق دەريادىن مېڭىپ شەھەرگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن شەھەر ئىچىدىكى «دەريا كېچىكلىرى» بىرىنچى بولۇپ ئىگىلىۋېلىندى. شەھەر ئەتراپىدىكى «قومۇشلۇقلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى»دىن مەقسەت شەھەردىن قاچقانلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جايلار بولمىسۇن ئۈچۈن ئىدى.\f* \m \v 33 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m بابىلنىڭ قىزى تەكشىلىنىپ چىڭدىلىدىغان ۋاقتى بولغان خاماندەك بېسىلىدۇ؛ \m بىردەمدىلا، ئۇنىڭ ھوسۇلى ئورۇلىدىغان ۋاقتى يېتىپ بولىدۇ!\f □ \fr 51:33 \ft \+bd «ئۇنىڭ ھوسۇلى ئورۇلىدىغان ۋاقتى»\+bd* ــ بەلكىم ئادەملىرى ۋە ئىمارەتلىرى يىقىتىلىدىغان، يەنى ئۇنىڭ جازالىنىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 34‏-35 زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، \m مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ \m ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ \m ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، \m ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، \m مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. \m ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، \m ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 51:34‏-35 \ft \+bd «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ...ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ\+bd* ــ بۇ 34-35-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچى «زىئوندا تۇرغۇچى قىز» بەلكىم «ئادەملەشتۈرۇلگەن» يېرۇسالېمغا ۋەكىل كېلىدۇ. \+bd «ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى..»\+bd* ــ بەلكىم يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 36 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، \m سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ \m مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن.\f □ \fr 51:36 \ft \+bd «مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ *مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن»\+bd* ــ پارس قوشۇنى بابىلدىن ئۆتىدىغان ئەفرات دەرياسىنى قۇرۇتىدۇ. ئۇلار شۇ يول بىلەن شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 51:36 \xt يەر. 50‏:38\x* \m \v 37 بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر، \m چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولىدۇ؛ \m زېمىنى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ، \m ھېچ ئادەم شۇ يەردە تۇرمايدۇ. \m \v 38 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، \m ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ؛\f □ \fr 51:38 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ»\+bd* ــ بابىللىقلار ھاراقكەشلىكىدىن ئاتىقى چىققانىدى. بۇ ئايەت بەلكىم شۇلارنىڭ مەست بولۇپ «شىر كەيپ» بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 39-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. بابىلنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئەمىر-ۋەزىرلىرى بىلەن بىللە مەست بولغاندا، شەھىرى بۆسۈلۈپ ئىشغال قىلىنغان («دان.» 5-بابنى ئوقۇڭ).\f* \m \v 39 ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 51:39 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى يەنە «دان.» 5-بابتا كۆرۈڭ.\f* \v 40 بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن. \b \m \v 41 شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا! \m پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پەخرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارا! \m بابىلنىڭ ئەللەر ئارىسىدا ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكتى بولغانلىقىغا قارا!\f □ \fr 51:41 \ft \+bd «شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا»\+bd* ــ «شېشاق» بابىلنى كۆرسىتىدىغان ھەجۋىي، كىنايىلىك بىر ئىسىم. 26:25تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 51:41 \xt يەش. 13‏:19؛ يەر. 25‏:26\x* \m \v 42 دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ \m ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى.\f □ \fr 51:42 \ft \+bd «دېڭىز ... دولقۇنلار...»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىلدا كۆپ ۋاقىتلاردا سىمۋول سۈپىتىدە توپ-توپ قوشۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 43 ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، \m قاغجىراق يەر، بىر چۆل، ھېچكىم تۇرمايدىغان زېمىن بولدى؛ \m ھېچقانداق ئىنسان بالىسى قايتىدىن شۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. \m \v 44 مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ \m مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ \m ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ \m بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ. \f □ \fr 51:44 \ft \+bd «مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن»\+bd* ــ «بەل» ــ (ياكى «ماردۇك») بابىلنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇتى.\f* \m \v 45 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم! \m ھەربىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! \m \v 46 سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ \m بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ \m زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ. \m \v 47 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، \m مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، \m ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛\f □ \fr 51:47 \ft \+bd «...شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، بابىل خەلقى زېمىنىدىن ھېچ قاچالمايدىغان بولىدۇ.\f* \m \v 48 شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛ \m چۈنكى شىمالدىن ھالاك قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 49 بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، \m بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ.\f □ \fr 51:49 \ft \+bd «بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ»\+bd* ــ ئايەتتىكى ئەينى ئىبرانىي تېكىستنى چۈشىنىش تەس. ئوقۇرمەنلەر باشقا تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى چوقۇم تەرجىمىمىزدەك بولۇشى كېرەك.\f* \m \v 50 قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ \m چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، \m يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.\f □ \fr 51:50 \ft \+bd «قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار»\+bd* ــ ئېنىقكى، بۇ سۆزلەر بابىلدا سۈرگۈن بولغان ئىسرائىللارغا ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 51 «بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ \m شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ \m چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!».\f □ \fr 51:51 \ft \+bd ««بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ ...چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!»»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بابىلدا سۈرگۈن بولغانلارنىڭ قايغۇرۇپ ئېيتىدىغانلىرى بولىدۇ.\f* \m \v 52 شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m ــ مەن ئۇنىڭدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ \m ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى بويىدا يارىلىنىپ جان ھەلقۇمىدا ئىڭرىشىدۇ. \m \v 53 بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، \m لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 54 بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى، \m كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدىن زور ھالاكەتنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلىدۇ. \m \v 55 چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛ \m ئۇ ئۇنىڭدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى يوقىتىدۇ؛ \m سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، \m ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ.\f □ \fr 51:55 \ft \+bd «...سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ»\+bd* ــ «سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى»، «ئۇلارنىڭ ئاۋازى» بولسا بەلكىم «ھالاك قىلغۇچىلار»نىڭكى بولىدۇ. ئۇلار «دېڭىز»غا ئوخشىتىلغان (42-ئايەت)؛ 56-ئايەت ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 56 چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پالۋانلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ــ قىساسلار ئالغۇچى تەڭرىدۇر؛ \m ئۇ يامانلىقنى ياندۇرماي قالمايدۇ. \m \v 57 ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛ \m ئۇلار مەڭگۈگە ئۇخلايدۇ ۋە قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ ــ دەيدۇ پادىشاھ، ــ نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \m \v 58 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m بابىلنىڭ كەڭ سېپىللىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، \m ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ، \m ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىرى پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ.\f □ \fr 51:58 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ»\+bd* ــ ئەللەرنىڭ بىكار ئىشلىگىنى، «جاپالىق ئەجىرى» بەلكىم زور شەھەر-ئىمپېرىيە بولغان بابىلنى كۆپ مېھنەت سىڭدۇرۇپ قۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ («ھاب.» 13:2نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \v 59 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان. \f □ \fr 51:59 \ft \+bd «نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى)،...»\+bd* ــ سېرايا بارۇقنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئىدى. 12:32دە ئۇنىڭ بوۋىسى «مائاسېياھ» دېيىلىدۇ.\f* \v 60 يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛ \v 61 ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ \m \v 62 «پەرۋەردىگار، سەن بۇ جاي توغرۇلۇق: ــ مەن ئۇنى يەكسان قىلىمەنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم، نە ئىنسان نە ھايۋان تۇرمايدىغان، مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىدۇ ــ دېگەنسەن» ــ دەيسەن؛ \v 63 شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تاش تېڭىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆرۈۋەت، \v 64 ۋە: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن، بابىل \add شۇ تاشقا\add* ئوخشاشلا غەرق بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىمەيدۇ؛ ئۇلار ھالىدىن كېتىدۇ» ــ دەيسەن. \m يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى. \b \b \m \c 52 \s1 يېرۇسالېمنىڭ بۆسۈلۈپ ئىشغال قىلىنىشى \m \v 1 زەدەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر يېشىدا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. \x + \xo 52:1 \xt 2پاد. 24‏:18\x* \v 2 ئۇ \add پادىشاھ\add* يەھوئاكىمنىڭ قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىشلارنى قىلدى. \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى. بىرىنچىدىن، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. \m \v 4 شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. \f □ \fr 52:4 \ft \+bd «... ئۇنىڭ (نېبوقەدنەسارنىڭ) سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 588-يىلى، 15-يانۋار ئىدى.\f*  \x + \xo 52:4 \xt 2پاد. 25‏:1؛ يەر. 39‏:1\x* \v 5 شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. \v 6 شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. \f □ \fr 52:6 \ft \+bd «زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئەتراپىدىكى زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، «ئەتراپىدىكى زېمىندىكىلەر» شەھەر ئەتراپىدىكى زېمىندىن قېچىپ پاناھ ئىزدەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى). ئۇلار \add ئىئوردان جىلغىسىدىكى\add* «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. \v 8 لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. \v 9 ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ \add شۇ يەردە\add* ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. \v 10 بابىل پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئۇ يەھۇدانىڭ بارلىق ئەمىرلىرىنىمۇ رىبلاھ شەھىرىدە قەتل قىلدى؛ \v 11 ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆلگۈچە زىندانغا قاماپ قويدى. \b \m \s1 مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ خاراب قىلىنغانلىقى \m \v 12 بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىدە بولغان، پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. \f □ \fr 52:12 \ft \+bd «بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە...(بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى...)»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 586-يىلى، 17-ئاۋغۇست ئىدى.\f* \v 13 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. \v 14 ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. \m \v 15 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامرات كىشىلەردىن بىر قىسمىنى، شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. \f □ \fr 52:15 \ft \+bd «قالغان ھۈنەرۋەنلەر»\+bd* ــ ياكى «قالغان توپ-توپ ئادەملەر».\f* \v 16 لېكىن پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. \m \v 17 كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. \f □ \fr 52:17 \ft \+bd «داس تەگلىكلىرى»\+bd* ــ بۇلار بولسا «دېڭىز»دىن كىچىك بولغان داسلارنى كۆتۈرىدىغان تەگلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان جابدۇق-بىساتلارنى كۆپرەك چۈشىنىش ئۈچۈن «1پاد.» 8:7-51-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 52:17 \xt يەر. 27‏:19\x* \v 18 ئۇلار يەنە \add ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان\add* ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، قاچىلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ \v 19 داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. \f □ \fr 52:19 \ft \+bd «داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى»\+bd* ــ بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە مىستىن ياسالغان بارلىق قاچا-قۇچىلار ۋە بارلىق ئەسۋابلار، يەرەمىيانىڭ ئىلگىرىكى بىر بېشارىتى بويىچە، 54 يىلدىن كېيىن پارس ئىمپېراتورى قورەشنىڭ پەرمانى بىلەن يېرۇسالېمغا قايتۇرۇلدى (21:27-22نى كۆرۈڭ).\f* \v 20 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەگىلىكى بولغان ئون ئىككى بۇقىنى ئۇ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. \m \v 21 ئىككى تۈۋرۈك بولسا، ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز كېلەتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، مىسنىڭ قېلىنلىقى تۆت بارماق ئىدى. \f □ \fr 52:21 \ft \+bd «گەز»\+bd* ــ (ياكى «جەينەك») تەۋراتتىكى بىر ئۆلچەمدۇر، جەينەكتىن قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقتۇر، تەخمىنەن 45 سانتىمېتر.\f*  \x + \xo 52:21 \xt 1پاد. 7‏:15؛ 2پاد. 25‏:17؛ 2تار. 3‏:15\x* \v 22 تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى بېشى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى بەش گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى. \v 23 ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ يانلىرىدا توقسان ئالتە ئانار نۇسخىسى بار ئىدى؛ توردا جەمئىي بولۇپ يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. \m \v 24 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. \v 25 ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. \f □ \fr 52:25 \ft \+bd «بىر ئاغۋات ئەمەلدار...»\+bd* ــ ياكى پەقەت «بىر ئەمەلدار...».\f* \v 26 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. \v 27 بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. \m شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. \b \m \s1 يەھۇدا بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ \m \v 28 نېبوقادنەسار سۈرگۈن قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى مۇنداق ئىدى: ــ يەتتىنچى يىلى ئۈچ مىڭ يىگىرمە ئۈچ يەھۇدىي؛ \v 29 نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۇ يېرۇسالېمدىن سەككىز يۈز ئوتتۇز ئىككى كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ \v 30 نېبوقادنەسارنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدىيلاردىن يەتتە يۈز قىرىق بەش كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ جەمئىي بولۇپ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ سانى تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.\f □ \fr 52:30 \ft \+bd «نېبۇزار-ئادان يەھۇدىيلاردىن يەتتە يۈز قىرىق بەش كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ جەمئىي بولۇپ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ سانى تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى»\+bd* ــ بۇ سانلار «2پاد.» 14:24-16دە خاتىرىلەنگەنگە ئوخشىمايدۇ. «يەرەمىيا»دىكى سانلار بەلكىم يېرۇسالېمدىكىلەرنى، «2پاد.»دىكى سان پۈتۈنلەي يەھۇدادىكىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ سانلار ئاز كۆرۈنسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، يەرەمىيانىڭ ھەم ئەزاكىيالنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە يەھۇدادىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى «قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا-كېسەل» بىلەن ئۆلگەن بولسا كېرەك.\f* \b \m \s1 يەھوئاكىننىڭ سۈرگۈن بولۇشى \m \v 31 شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى شۇ ئىش يۈز بەردى: ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، ئۇ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ \x + \xo 52:31 \xt 2پاد. 25‏:27-30\x* \v 32 ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بابىلدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ \v 33 شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. \v 34 ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، بابىل پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇ ئۇنىڭغا تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان.