\id JDG \h باتۇر ھاكىملار \toc1 باتۇر ھاكىملار \toc2 باتۇر ھاكىملار \toc3 ھاك. \mt1 باتۇر ھاكىملار \c 1 \s1 ئىسرائىللارنىڭ قانائانىيلار بىلەن جەڭ قىلىپ، زېمىنىنى قىسمەن ئىگىلىشى \m \v 1 ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: ــ بىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ قانائانىيلار بىلەن سوقۇشسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى...»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىپ، «باتۇر ھاكىملار» دېگەن كىتابنىڭ «يەشۇئا» دېگەن كىتاب بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يە.» 33:24-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب «يەشۇئا» دېگەن كىتابنىڭ داۋامىدۇر.\f*  \x + \xo 1:1 \xt ھاك. 20‏:18\x* \m \v 2 پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ يەھۇدا چىقسۇن؛ مانا، مەن زېمىننى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «يەھۇدا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدا ئاكىسى شىمېئونغا: ــ سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ، مەنمۇ ساڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا سەن بىلەن بىللە چىقىپ \add سوقۇشىمەن\add*، دېۋىدى، شىمېئون ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «شىمېئون»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە شىمېئون قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ،....»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن»، «مەن»، «ماڭا»، «ئۇنىڭ» دېگەنلەر قەبىلىدىكى كۆپ ئادەملەرنى كۆرىستىدۇ.\f* \m \v 4 يەھۇدا ئۇ يەرگە چىققاندا، پەرۋەردىگار قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېزەك دېگەن جايدا ئۇلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، ئون مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. \v 5 ئۇلار بېزەكتە ئادونى-بېزەك دېگەن پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنى ئۇرۇپ قىردى.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئادونى-بېزەك»\+bd* ــ بەلكىم شۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن؛ مەنىسى «بېزەكنىڭ ئەمىرى».\f* \v 6 ئادونى-بېزەك قاچتى، ئۇلار قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىنى كېسىۋەتتى. \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئادونى-بېزەك: ــ ئەينى چاغدا قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقى كېسىۋېتىلگەن يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ تېگىدىكى ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. مانا ئەمدى خۇدا مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، دېدى. \m ئاندىن ئۇلار ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «...ئاندىن ئۇلار \+bd*\+bdit ئادونى-بېزەكنى\+bdit* يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى» ــ يەھۇدا ۋە شىمېئونلارنىڭ ئادونى-بېزەكنى تىرىك قالدۇرۇشى مۇسا پەيغەمبەر ۋە يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ بۇ تائىپىلەر توغرىسىدا تاپىلىغىنىغا خىلاپ ئىدى (مەسىلەن، «قان.» 16:7، «يە.» 40:10، 12:11).\f* \b \m \v 8 يەھۇدالار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. \m \v 9 ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى.\x + \xo 1:9 \xt يە. 10‏:36؛ 11‏:21؛ 15‏:13\x* \m \v 10 ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى).\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلار»\+bd* ــ بۇ ئۈچ ئادەم گىگانت ئىدى («يە.» 14:15).\f*  \x + \xo 1:10 \xt يە. 15‏:14\x* \v 11 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى).\x + \xo 1:11 \xt يە. 15‏:15-19.\x* \b \m \v 12 كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. \m \v 13 كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. \v 14 ۋە شۇنداق بولدىكى، قىز \add ياتلىق بولۇپ\add* ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى»\+bd* ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ ئاكساھ تويغا بارغاندا ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغان بولسا كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئوتنىيەلنىڭكىگە بارغاندا ئاكساھ ئۆزى ئالدىراپ كېتىپ بىۋاسىتە ئاتىسىغا شۇ تەلەپنى قويغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 15 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن \add قاغجىراق\add* يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەر بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)؛ بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.\f* \b \m \v 16 مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ «خورمىلىق شەھەر»دىن چىقىپ ئارادنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «خورمىلىق شەھەر»\+bd* ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى. يەشۇئا يېرىخو شەھىرىنى خارابە قىلغانىدى («يە.» 24:6)؛ شۇڭا «خورمىلىق شەھەر» مۇشۇ يەردە يېرىخونىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ ... شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى»\+bd* ــ بۇ خەۋەرنى بېرىشنىڭ سەۋەبى كېنىيلەرنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە بولغان ئامراقلىقىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.\f* \m \v 17 يەھۇدا بولسا ئاكىسى شىمېئون بىلەن بىللە بېرىپ، زەفات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، شەھەرنى مۇتلەق ۋەيران قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئىسمى «خورماھ» دەپ ئاتالغان.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «ھورماھ»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى «ۋەيران قىلىش».\f* \m \v 18 ئاندىن يەھۇدالار گازا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئاشكېلون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئەكرون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىدى. \v 19 پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچ، ئۇلار تاغلىق يۇرتنى مەغلۇپ قىلىپ ئالدى؛ لېكىن جىلغىدىكىلەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلمىدى.\f □ \fr 1:19 \ft \+bd «...جىلغىدىكىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تۆۋەن يۇرتتىكىلەر».\f* \m \v 20 ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھېبروننى كالەبكە بەردى. شۇنىڭ بىلەن كالەب ئاناكنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى.\x + \xo 1:20 \xt چۆل. 14‏:24؛ يە. 14‏:13\x* \b \m \v 21 لېكىن بىنيامىنلار بولسا يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇۋاتقان يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىدى؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار بىنيامىنلار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا. \b \m \v 22 يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. \v 23 يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى).\x + \xo 1:23 \xt يار. 28‏:19\x* \v 24 چارلىغۇچىلار شەھەردىن بىر كىشىنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ ئۇنىڭغا: ــ شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز، ــ دېدى. \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار بېرىپ شەھەردىكىلەرنى ئۇرۇپ قىلىچلىدى؛ لېكىن ئۇ ئادەم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامان قويدى.\f □ \fr 1:25 \ft \+bd «... شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى»\+bd* ــ يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر شەھەرنى ئاللىقاچان قورشىۋالغانىدى؛ بۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان مەخپىي يولنى كۆرسىتىپ قويغان ئوخشايدۇ.\f* \v 26 ئۇ ئادەم كېيىن ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىپ، نامىنى لۇز دەپ ئاتىدى. تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ نامى شۇنداق ئاتالماقتا. \m \v 27 لېكىن ماناسسەھلەر بولسا بەيت-شېئاننى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى، تائاناقنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى ئىشغال قىلمىدى؛ ئۇلار دور ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، ئىبلېئام ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، مېگىددو ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى قوغلىۋەتمىدى، زېمىننى ئالمىدى؛ قانائانىيلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋېرىشكە بەل باغلىغانىدى.\f □ \fr 1:27 \ft \+bd «ماناسسەھلەر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.\f*  \x + \xo 1:27 \xt يە. 17‏:11، 12\x* \v 28 ئىسرائىل بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمىدى. \m \v 29 ئەفرائىملارمۇ گەزەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار گەزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.\f □ \fr 1:29 \ft \+bd «ئەفرائىملارمۇ...»\+bd* ــ يۇقىرىقى 27-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.\f*  \x + \xo 1:29 \xt يە. 16‏:10\x* \b \m \v 30 زەبۇلۇن نە قىتروندا تۇرۇۋاتقانلارنى نە ناھالولدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.\f □ \fr 1:30 \ft \+bd «ناھالول»\+bd* ــ ياكى «ناھالال».\f* \b \m \v 31 ئاشىر بولسا نە ئاككودا تۇرۇۋاتقانلارنى نە زىدوندا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى، شۇنداقلا ئاھلاب، ئاقزىب، ھەلباھ، ئافەك رەھوبلاردا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ قوغلىۋەتمىدى. \f □ \fr 1:31 \ft \+bd «ئافەك»\+bd* ــ ياكى «ئافىك».\f* \v 32 شۇنىڭ بىلەن ئاشىرلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ ئۇلار قانائانىيلارنى ئۆز يېرىدىن قوغلىۋەتمىدى. \m \v 33 نافتالىلار نە بەيت-شەمەشتە تۇرۇۋاتقانلارنى نە بەيت-ئاناتتا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئاناتتىكى خەلق ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. \m \v 34 ئامورىيلار دانلارنى تاغلىق رايونغا مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنى جىلغا-تۈزلەڭلىككە چۈشۈشكە يول قويمىدى. \v 35 ئامورىيلار ھەرەس تېغى، ئايجالون ۋە شائالبىمدا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى؛ لېكىن يۈسۈپ جەمەتىنىڭ قولى كۈچەيگەندە، قانائانىيلار ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. \v 36 ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى.\f □ \fr 1:36 \ft \+bd «سېرىق ئېشەك داۋىنى»\+bd* ــ بەزىدە (ئىبرانىي تىلىغا ئەگىشىپ) «ئاكراببىم داۋىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. \+bd قورام تېشى»\+bd* ــ ياكى «سېلا». \+bd «ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى ... «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىكى قورام تېشىدىن تارتىپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى».\f* \b \b \m \c 2 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئىسرائىلغا تەنبىھ بېرىشى \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگالدىن بوكىمغا كېلىپ: ــ مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئېلىپ كېلىپ: «مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدەمنى ئەبەدگىچە بىكار قىلمايمەن؛ \f □ \fr 2:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»\+bd* ــ «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:1 \xt يار. 17‏:7؛ مىس. 23‏:20-22؛ قان. 29‏:13، 14\x* \v 2 لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟! \x + \xo 2:2 \xt قان. 7‏:2؛ 12‏:3\x* \v 3 شۇڭا مەن \add شۇ چاغدا\add* سىلەرگە: «\add شۇنداق قىلساڭلار\add* ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە تور-تۇزاق بولىدۇ» ــ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم، ــ دېدى.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار سىلەرنى قىلتاقلارغا چۈشۈرىدۇ».\f*  \x + \xo 2:3 \xt مىس. 23‏:33؛ 34‏:12؛ قان. 7‏:16؛ يە. 23‏:13\x* \m \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. \v 5 شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «بوكىم» دەپ قويۇلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «بوكىم»\+bd* ــ مەنىسى «يىغلىغۇچىلار». \+bd «... ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى»\+bd* ــ بۇ ئىشقا قارىغاندا، «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ئايان بولغان چاغدا، شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلسا بولاتتى. ئادەتتە پەقەت خۇدا بېكىتكەن جايدىلا قۇربانلىق سۇنۇشقا بولاتتى («قان.» 5:12-14نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىن كېيىن بولغان ئىشلار \m \v 6 يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋېتىۋىدى، ئىسرائىللار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ كېتىشتى. \x + \xo 2:6 \xt يە. 24‏:28\x* \v 7 يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە كارامەت ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ \add ئىسرائىل\add* خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى. \v 8 ئەمدى نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. \v 9 ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «تىمنات-سېراھ»\+bd* ــ ياكى «تىمنات-ھەرەس».\f* \v 10 بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى \add ئۆلۈپ\add* ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى. \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ گۇناھنى ئۈزلۈكسىز تەكرارلىشى \m \v 11 شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ بائال-بۇتلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى. \v 12 ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئەتراپىدىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بولغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. \v 13 ئۇلار پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. \f □ \fr 2:13 \ft \+bd ««ئاشەراھلار» \+bd*\+bdit ياكى ئاشەراھ بۇتلار\+bdit*» ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 14 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، خاراب قىلىنسۇن دەپ، ئۇ ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، يەنە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىدى. \x + \xo 2:14 \xt زەب. 44‏:12-14؛ يەش. 50‏:1\x* \v 15 ئۇلار قەيەرگە بارمىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى ئاپەت بىلەن ئۇردى، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلار تولىمۇ ئازابلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. \x + \xo 2:15 \xt لاۋ. 26؛ قان. 28\x* \v 16 ئاندىن پەرۋەردىگار \add ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن\add* باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزدى، ئۇلار \add ئىسرائىللارنى\add* تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. \m \v 17 شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ھاكىملىرىغا قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە ئۇلار يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇندى؛ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماڭغان يولىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىش يولىدىن تېزلا چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ھېچ ئىتائەت قىلمىدى. \v 18 پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى. \m \v 19 لېكىن باتۇر ھاكىم ئۆلۈپ كېتىشى بىلەنلا، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ، يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇشۇپ، ئۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىنمۇ زىيادە بۇلغايتتى؛ ئۇلار نە شۇ قىلمىشلىرىدىن توختىمايتتى، نە ئۆز جاھىل يولىدىن ھېچ يانمايتتى. \x + \xo 2:19 \xt ھاك. 3‏:12\x* \v 20 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قاتتىق تۇتاشتى، ئۇ: ــ «بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تاپىلىغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغىنى ئۈچۈن، \v 21 بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەشۇئا ئۆلگەندە بۇ يۇرتتا قالدۇرغان تائىپىلەردىن ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ \x + \xo 2:21 \xt يە. 23‏:13\x* \v 22 بۇنىڭدىكى مەقسەت، مەن شۇلار ئارقىلىق ئىسرائىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تۇتقاندەك، مەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن» ــ دېدى. \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ تائىپىلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى نە دەرھاللا زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ قوغلىۋەتمىدى نە يەشۇئانىڭ قولىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەنىدى.\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ تائىپىلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى ... نە يەشۇئانىڭ قولىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەنىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەر، يەنى 10-23-ئايەتلەر «باتۇر ھاكىملار» دېگەن كىتابنىڭ قىسقا يەكۈنىدىن ئىبارەتتۇر.\f* \b \b \m \c 3 \m \v 1 تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار قانائانىيلار بىلەن بولغان جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىلنىڭ \add ئەۋلادلىرىنى\add* سىناش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان تائىپىلەر \v 2 (ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، بولۇپمۇ جەڭ-ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقمىغانلارنى پەقەت جەڭنى ئۆگۈنسۇن دەپ قالدۇرغانىدى): ــ \m \v 3 ــ ئۇلار فىلىستىيلەرنىڭ بەش ئەمىرلىكى، بارلىق قانائانىيلار، زىدونلۇقلار ۋە بائال-ھەرمون تېغىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە لىۋان تاغلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلار ئىدى؛ \f □ \fr 3:3 \ft \+bd «خامات ئېغىزىغىچە...»\+bd* ــ ياكى «لىبو-خاماتقىچە...».\f* \v 4 ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئىسرائىلنى سىناش، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى. \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛ \v 6 ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.\fig ئەگلون پادىشاھنىڭ قەسىرى|src="judges-uara-01.jpg" size="span" ref="«ھاك.»" \fig* \b \m \s1 بىرىنچى «باتۇر ھاكىم» ــ ئوتنىيەل \m \v 7 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائاللار ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. \v 8 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، ئۇلارنى ئارام-ناھارائىمنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار سەككىز يىلغىچە قۇشان-رىشاتائىمغا بېقىندى بولدى. \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «خامات ئېغىزىغىچە...»\+bd* ــ «ئارام-ناھارائىم» ياكى «مېسوپوتامىيا»، يەنى «ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايون».\f* \v 9 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ئۇ كىشى كالەبنىڭ ئىنىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئىدى. \m \v 10 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلغا ھاكىملىق قىلدى؛ ئۇ جەڭگە چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشان-رىشاتائىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «ئارام»\+bd* ــ «سۇرىيە»نىڭ قەدىمكى نامى.\f* \v 11 شۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا قىرىق يىلغىچە ئامانلىق بولدى؛ كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئالەمدىن ئۆتتى. \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ يەنە گۇناھ قىلىشى ۋە جازالىنىشى، «باتۇر ھاكىم ئەھۇد» \m \v 12 ئاندىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغاچقا، ئۇ موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننى ئىسرائىل بىلەن قارىشىلىشىشقا كۈچلەندۈردى. \v 13 ئۇ ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جەڭگە چىقىپ ئىسرائىلنى ئۇرۇپ قىرىپ، «خورمىلىق شەھەر»نى ئىشغال قىلدى. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «خورمىلىق شەھەر»\+bd* ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى.\f* \v 14 بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا بېقىندى بولدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گەرانىڭ ئوغلى ئەھۇدنى تۇرغۇزدى؛ ئۇ سولخاي ئىدى. ئىسرائىل ئۇنىڭ قولى بىلەن موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا سوۋغات ئەۋەتتى. \m \v 16 ئەمدى ئەھۇد ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر شەمشەر ياساتقانىدى؛ ئۇنى كىيىمىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋالدى؛ \v 17 ئۇ شۇ ھالەتتە سوۋغاتنى موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگلون تولىمۇ سېمىز بىر ئادەم ئىدى. \v 18 ئەھۇد سوۋغاتنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوۋغاتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى كەتكۈزۈۋەتتى؛ \v 19 ئاندىن ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جايدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي پادىشاھ، مەندە ئۆزلىرىگە دەيدىغان بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى، ــ دېۋىدى، پادىشاھ: ــ جىم تۇر! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 3:19 \ft \+bd «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جاي...»\+bd* ــ ياكى «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جاي ئويما بۇتلار...» ياكى «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاشلىقلار...». \+bd «جىم تۇر!»\+bd* ــ بۇ بۇيرۇق مۇشۇ يەردە «بۇ مەخپىي خەۋەرنى خىزمەتكارلىرىم ئالدىدا دېمە، مەن خالىي بولۇشۇم كېرەك» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. شۇڭا خىزمەتكارلىرى چېكىنىدۇ.\f* \m \v 20 ئاندىن ئەھۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ پادىشاھ يالغۇز سالقىن بالىخانىدا ئولتۇراتتى. ئەھۇد: ــ مەندە سىلى ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن بىر سۆز بار، دېۋىدى، پادىشاھ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ ئۆرە تۇردى. \v 21 شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى. \v 22 شۇنداق قىلىپ شەمشەرنىڭ دەستىسىمۇ تىغى بىلەن قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، سېمىز ئېتى شەمشەرنى قىسىۋالغاچقا، ئەھۇد شەمشەرنى قورسىقىدىن تارتىپ چىقىرىۋالمىدى؛ ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى.\f □ \fr 3:22 \ft \+bd «... ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى»\+bd* ــ ئايەتنىڭ بۇ ئاخىرقى قىسمىنىڭ باشقا ئىككى-ئۈچ تەرجىمىلىرى بار: «ئۇ (شەمشەر) ئارقىدىن چىقتى»، «ئۇ (شەمشەر) ئىككى پۇتى ئوتتۇرىسىدىن چىقتى»، «ئۇ (ئەھۇد) (بالىخانىنىڭ) كەينىدىن چىقتى».\f* \m \v 23 ئاندىن ئەھۇد دالانغا چىقىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن ئېتىپ قۇلۇپلاپ قويدى. \v 24 ئۇ چىقىپ كەتكەندە، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ قارىسا، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇلار: ــ پادىشاھ سالقىن ئۆيدە چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى.\f □ \fr 3:24 \ft \+bd «چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پۇتلىرىنى ياپقان بولسا كېرەك» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 25 ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ كىرمىسەك سەت بولارمۇ دەپ ئويلاشتى؛ ئۇ يەنىلا بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكلەرنى ئېچىۋىدى، مانا، خوجىسىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. \v 26 ئەمدى ئۇلار ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئەھۇد قېچىپ چىققانىدى؛ ئۇ تاش ئويمىلار بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراھقا قېچىپ كەلگەنىدى. \v 27 شۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا كاناي چېلىۋىدى، ئىسرائىللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلىق رايوندىن چۈشتى، ئۇ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. \v 28 ئۇ ئۇلارغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. \v 29 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەمبەل پالۋانلار ئىدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.\f □ \fr 3:29 \ft \+bd «...ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى...»\+bd* ــ بۇ ئون مىڭچە ئەسكەر بەلكىم موئابنىڭ ئىسرائىللارنى قۇللۇقتا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئىدارە قىلىشقا قالدۇرغان قوشۇنى بولسا كېرەك. ئەھۇدنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇشى ئۇلارنىڭ موئاب زېمىنىغا قېچىش يولىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىدى. \+bd «... تەمبەل پالۋانلار...»\+bd* ــ ياكى «... سېمىز پالۋانلار..».\f* \m \v 30 شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولىدا بېسىقتۇرۇلدى. زېمىن سەكسەن يىلغىچە ئامان-تىنچلىقتا تۇردى. \b \m \s1 شامگار \m \v 31 ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى؛ ئۇ ئالتە يۈز فىلىستىيەلىكنى بىراقلا كالا سانجىغۇچ بىلەن ئۆلتۈردى؛ ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى.\f □ \fr 3:31 \ft \+bd «ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى... ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى»\+bd* ــ شامگارنىڭ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ مەغرىب تەرىپىدە، دېڭىز بويىدىكى تۈزلەڭلىكتە ھاكىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 1:4گە قارىغاندا، «دەبوراھ ۋە باراق» شامگار بىلەن زامانداش بولسا كېرەك؛ لېكىن ئۇلار زېمىننىڭ شىمال ۋە شەرق تەرىپىدە ھاكىملىق قىلاتتى.\f* \b \b \m \c 4 \s1 دەبوراھ ۋە باراق \m \v 1 ئەمدى ئەھۇد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلغىلى تۇردى. \v 2 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. يابىن ھازور شەھىرىدە سەلتەنەت قىلاتتى؛ ئۇنىڭ قوشۇن سەردارىنىڭ ئىسمى سىسېرا بولۇپ، ئۇ ھاروشەت-گويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى. \f □ \fr 4:2 \ft \+bd «قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىن...»\+bd* ــ «يابىن» ھازور پادىشاھىنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن. \+bd «... يا \fp بىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يابىننىڭ قولىغا سېتىپ بەردى». \+bd «ھاروشەت-گويىم دېگەن شەھەر...»\+bd* ــ ياكى «تائىپىلەرنىڭ ئورمانلىق شەھىرى».\f*  \x + \xo 4:2 \xt 1سام. 12‏:9\x* \v 3 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى. \m \v 4 ئۇ ۋاقىتتا لاپىدوتنىڭ خوتۇنى دەبوراھ دېگەن ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىلغا ھاكىم ئىدى. \v 5 ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماھ بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دەبوراھنىڭ خورما دەرىخى»نىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى؛ بارلىق ئىسرائىللار دەۋالىرى توغرىسىدا ھۆكۈم سورىغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى. \m \v 6 ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار \add مۇنداق\add* ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ: ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛ \f □ \fr 4:6 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار مۇنداق ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟!»\+bd* ــ ياكى «... پەرۋەردىگار ساڭا ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟».\f*  \x + \xo 4:6 \xt ئىبر. 11‏:32\x* \v 7 شۇنىڭ بىلەن مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ كىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا، سېنىڭ قېشىڭغا بارغۇسى نىيەتكە سېلىپ، ئۇنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن دېگەن، ــ دېدى.\x + \xo 4:7 \xt زەب. 83‏:9-10\x* \m \v 8 باراق ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە بارساڭ، مەنمۇ بارىمەن. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن! ــ دېدى. \m \v 9 دەبوراھ جاۋابەن: ــ ماقۇل، مەن سەن بىلەن بارسام باراي؛ ھالبۇكى، سەپىرىڭ ساڭا ھېچ شان-شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەبوراھ قوپۇپ باراق بىلەن بىللە كەدەشكە ماڭدى.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا سېتىپ بېرىدۇ».\f* \b \m \v 10 باراق زەبۇلۇنلار ۋە نافتالىلارنى كەدەشكە چاقىرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ دەبوراھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى \v 11 (شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى).\x + \xo 4:11 \xt چۆل. 10‏:29\x*  \fig تابور تېغىنىڭ مەنزىرىسى (يىزرەئەل تۈزلەڭلىكىدىن قارايدىغان)|src="mount-tabor.jpg" size="span" ref="«ھاك.» 12:4" \fig* \m \v 12 ئەمدى سىسېراغا: ــ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. \v 13 شۇنى ئاڭلاپ سىسېرا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى، يەنى توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنى ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ھاروشەت-گويىمدىن چىقىپ، كىشون ئېقىنىنىڭ يېنىدا توپلىدى. \m \v 14 دەبوراھ باراققا: ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى. \v 15 پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق قوشۇنىنى قوشۇپ باراقنىڭ قىلىچى ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى؛ سىسېرا ئۆزى جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى.\x + \xo 4:15 \xt زەب. 83‏:9-10\x* \m \v 16 باراق جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە قوشۇننى ھاروشەت-گويىمگىچە قوغلاپ باردى؛ سىسېرانىڭ بارلىق قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، بىرىمۇ قالمىدى. \v 17 لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ، كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا باردى؛ چۈنكى ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى. \m \v 18 يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي خوجام، كىرگىنە! قورقما، مېنىڭكىگە كىرگىن، دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويدى. \m \v 19 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۇسساپ كەتتىم، ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگىنە، دېۋىدى، ئايال بېرىپ سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنى يېپىپ قويدى.\x + \xo 4:19 \xt ھاك. 5‏:25\x* \m \v 20 ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا: ــ سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىركىم كېلىپ سەندىن: ــ بۇ يەردە بىرەرسى بارمۇ، دەپ سورىسا، يوق دەپ جاۋاب بەرگىن، ــ دېدى. \m \v 21 ئەمدى ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل قوپۇپ، بىر چېدىر قوزۇقىنى ئېلىپ، قولىدا بولقىنى تۇتقىنىچە شەپە چىقارماي ئۇنىڭ قېشىغا باردى؛ ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. يائەل ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى شۇنداق قاقتىكى، قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. \m \v 22 شۇ چاغدا، باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلدى، يائەل ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا كىرىپ قارىۋىدى، مانا سىسېرا ئۆلۈك ياتاتتى، قوزۇق تېخىچە چېكىسىگە قېقىقلىق تۇراتتى. \m \v 23 شۇنداق قىلىپ، خۇدا شۇ كۈنى قانائان پادىشاھى يابىننى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن قىلدى. \v 24 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قانائان پادىشاھى يابىندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئاخىردا ئۇلار قانائان پادىشاھى يابىننى يوقاتتى. \b \b \m \c 5 \s1 نۇسرەت نەزمىسى \m \v 1 شۇ كۈنى دەبوراھ ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق مۇنداق نەزمە ئوقۇدى: ــ \b \m \v 2 ئىسرائىلدا يېتەكچىلەر يول باشلىغىنى ئۈچۈن، \m خەلق ئىختىيارەن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغىنى ئۈچۈن، \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار! \m \v 3 ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار، \m ئەي ئەمىرلەر، قۇلاق سېلىڭلار! \m مەن، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ نەزمە ئوقۇيمەن، \m مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىمەن. \m \v 4 ئى پەرۋەردىگار، سەن سېئىردىن چىققىنىڭدا، \m ئېدومنىڭ يايلىقىدىن چىقىپ يۈرۈش قىلغىنىڭدا، \m يەر تىترەپ، ئاسمانلاردىن سۇلار تامچىدى، \m شۇنداق، بۇلۇتلار يامغۇرلىرىنى ياغدۇردى؛\x + \xo 5:4 \xt زەب. 68‏:7، 8، 9\x* \m \v 5 تاغلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەۋرەندى، \m ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، \m ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «... ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا»\+bd* ــ ياكى «يەنى سىناي تېغىدا ئايان بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا، \fp ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا».\f*  \x + \xo 5:5 \xt مىس. 19‏:18؛ زەب. 68‏:15، 16، 17؛ 97‏:5\x* \m \v 6 ئاناتنىڭ ئوغلى شامگارنىڭ كۈنلىرىدە، \m ھەم يائەلنىڭ كۈنلىرىدە، \m چوڭ يوللار تاشلىنىپ قېلىپ، \m يولۇچىلار ئەگرى-توقاي چىغىر يوللار بىلەن ماڭاتتى؛ \m \v 7 ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى، \m تاكى مەنكى دەبوراھ قوزغىلىپ، \m ئىسرائىلدا بىر ئانا سۈپىتىدە پەيدا بولغىنىمغىچە.\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئىسرائىلدا كەنت-قىشلاقلار يوقاپ كەتتى».\f* \m \v 8 \add ئىسرائىللار\add* يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛ \m ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى. \m قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا، \m يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟!\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى»\+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىل تىرىك خۇدانى تاشلاپ بۇتلارنى تاللىۋالغىنى ئۈچۈن خۇدانىڭ شۇ جازاسى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.\f* \m \v 9 قەلبىم ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرىگە قايىلدۇر، \m ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنى ئىختىيارەن پىدا قىلدى؛ \m پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار! \m \v 10 ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، \m ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، \m ئى يولدا يۈرگەنلەر، كۆڭۈل بۆلۈڭلار!\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار»\+bd* ــ ياكى «توقۇملارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار». \+bd «ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، ئى يولدا يۈرگەنلەر...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە پۇرىتىلغان مەنە بەلكىم «ئى، ئىسرائىلدا ھازىر راھەت كۈنلەرنى كۆرگۈچىلەر، سىلەر ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەۋەككۈل قىلغانلارنى ئەسلەڭلار!» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 11 سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلارنىڭ جۇشقۇن ئاۋازىلىرىنى ئاڭلاڭلار! \m ئۇلار شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ، \m ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ. \m شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى چۈشۈپ دەرۋازىلارغا يېتىپ كېلىپ: ــ \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلار...»\+bd* ــ دېمەك، نۇسرەت قازانغانلىقتىن ھەتتا سۇ ئەكەلگىلى چىققانلارمۇ ئولجىدىن ئۆزئارا بۆلۈشىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئوقياچىلارنىڭ غەۋغاسىدىن قۇتۇلغانلار سۇ ئالىدىغان جايلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا...».\f* \m \v 12 «ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! \m ئويغان، ئويغان، غەزەل ئېيتقىن! \m ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق، \m ئەسىرلىرىڭنى يالاپ ماڭ، ئى ئابىنوئامنىڭ ئوغلى!» ــ دېيىشىدۇ.\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! ... ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق!...»\+bd* ــ 12-ئايەتتىكى نەزمە خەلق قېچىپ چىقىۋالغان تاغلىقتىن ئامان-ئېسەن چۈشۈپ، ئۆز شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا كەلگەندە خۇشاللىقىدىن دەبوراھ ۋە باراققا ئېيتقان سۆيۈنۈش سۆزلىرى بولسا كېرەك.\f* \m \v 13 مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى، \m پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى.\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى»\+bd* ــ دېمەك، خۇداغا سادىق بولغان «خەلق قالدىسى» ئاز بولسىمۇ، باراق ۋە باشقا جاسارەتلىك ئەزىمەتلەرگە ئەگەشكەن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى كۈچلۈكلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى». \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى زالىملارغا قارشى چىقىشقا مېنىڭ يېنىمغا چۈشتى». بۇ ئايەتنىڭ يەنە بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 14 مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى؛ \m مانا، بىنيامىنلارمۇ قوۋملىرىڭغا قوشۇلۇپ ئەگىشىپ كەلدى؛ \m ماكىردىن ئەمىرلەر چۈشۈپ كەلدى، \m زەبۇلۇندىن سەردارلىق ھاسىسىنى تۇتقانلار يېتىپ كەلدى.\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى»\+bd* ــ ئەفرائىم قەبىلىسى ئەسلىدە ئامالەكلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ۋە ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنىدى. \+bd «ماكىردىن...»\+bd* ــ «ماكىر» مۇشۇ يەردە ماناسسەھ قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.\f* \m \v 15 ئىسساكارنىڭ ئەمىرلىرى دەبوراھغا قوشۇلدى؛ \m باراق نېمە قىلغان بولسا ئىسساكارمۇ شۇنداق قىلىپ، \m ئۇنىڭ كەينىدىن جىلغىغا تاپ باستۇرۇپ ئېتىلىپ چۈشتى! \m رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!\f □ \fr 5:15 \ft \+bd «رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا»\+bd* ــ ياكى «رۇبەننىڭ ئېقىنلىرىنىڭ بويىدا». \+bd «رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!»\+bd* ــ بۇ ناھايىتى ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. رۇبەنلەردە شۇنچە يۈكسەك نىيەت بولغىنى بىلەن ھېچنېمە قىلمىدى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 16 سەن نېمىشقا قوتانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، \m قويلارغا چېلىنغان نەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭ؟ \m رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى! \m \v 17 گىلېئادلار بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى؛ \m دانلارمۇ نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟ \m ئاشىرلار بولسا دېڭىز بويىدا \add جىم\add* ئولتۇرۇۋالدى، \m دېڭىز قولتۇقلىرىدا تۇرۇپ قالدى. \m \v 18 زەبۇلۇنلار جانلىرىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى؛ \m نافتالىلارمۇ جەڭ مەيدانىدىكى يۇقىرى جايلاردا ھەم شۇنداق قىلدى! \m \m \v 19 پادىشاھلار ھەممىسى كېلىپ، سوقۇشتى، \m قانائانىيلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇرۇشقا چىقتى؛ \m تائاناقتا، مېگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا ئۇرۇشتى. \m لېكىن بىرئازمۇ كۈمۈش ئولجا ئالالمىدى! \m \v 20 ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، \m ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. \m \v 21 كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى \add دۈشمەننى\add* ئېقىتىپ كەتتى؛ \m شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر! \m ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن!\f □ \fr 5:21 \ft \+bd «كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئۇلارنى ئېقىتىپ كەتتى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر يۇقىرىقى «ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلار جەڭ قىلدى» دېگەن سۆزلەرنى يورۇتىدۇ. يازدا كىشون دەرياسى ئېقىنىدا سۇ يوق دېيەرلىك بولىدۇ؛ قىشتا كۈچلۈك ئاقىدۇ. شۇڭا، شۇ خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ھاۋا رايى ئۆزگىرىپ، كۆپ يامغۇر ياغقاچقا، كىشون دەرياسى تېشىپ، سىسېرانىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېقىتىپ كەتتى ياكى ئۇلارنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويدى (4-ئايەتتە شۇ قاتتىق يامغۇر تىلغا ئېلىنىدۇ).\f* \m \v 22 ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلماقتا، \m تولپارلىرى چاپماقتا، چاپماقتا. \m \v 23 مەروزغا لەنەت ئوقۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، \m ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇڭلار، \m قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار؛ \m چۇنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى، \m زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى.\f □ \fr 5:23 \ft \+bd «زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى»\+bd* ــ ياكى «باتۇرلىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى».\f* \m \v 24 ئاياللار ئىچىدە كەنىيلىك ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل بەخت-بەرىكەتلەنسۇن، \m چېدىردا تۇرغان ئاياللار ئىچىدە ئۇ بەخت-بەرىكەت تاپسۇن! \m \v 25 سىسېرا سۇ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا سۈت بەردى، \m ئېسىلزادىلەرگە لايىق بىر قاچىدا قايماق تۇتتى؛ \m \v 26 ئۇ سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، \m ئوڭ قولىنى تۆمۈرچىنىڭ بولقىسىغا ئۇزاتتى؛ \m سىسېرانى ئۇرۇپ، \m باش سۆڭۈكىنى چېقىپ، \m چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى.\f □ \fr 5:26 \ft \+bd « \+bd*\+bdit يائەل\+bdit* سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، ... چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى» ــ بۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا يائەل سىسېرانىڭ بېشىغا قاققان قوزۇقنى بولقا بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇرغان.\f* \m \v 27 سىسېرا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، \m ئۇ يىقىلدى، ئۇ \add ئۆلۈكتەك\add* ياتتى، \m ئۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، \m قىيسايغان يەردە ئۇ يىقىلىپ، جان بەردى. \b \m \v 28 سىسېرانىڭ ئانىسى پەنجىرىدىن سىرتقا سەپ سالدى، \m ئۇ پەنجىرىنىڭ رۇجىكىدىن توۋلاپ: ــ \m «ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى نېمىشقا شۇنچە ئۇزاققىچە كەلمەيدۇ؟ \m جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياق ساداسى نېمىشقا شۇنچە ھايال بولىدۇ؟ ــ دېدى. \m \v 29 ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئارىسىدا دانالار جاۋاب بېرىدۇ، \m شۇنداقلا، ئۇ دەرۋەقە ئۆز-ئۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ: ــ \m \v 30 «ئۇلار ئولجىلىرىنى يىغىپ بۆلۈشۈۋاتقان بولمىسۇن يەنە؟! \m ھەربىر ئەركەككە \add ئاياغ ئاستى قىلىشقا\add* بىر-ئىككىدىن قىز تەگكەندۇ، \m سىسېراغا رەڭدار كىيىملەر، \m گۈل كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەردىن ئولجا تەگكەندۇ، \m بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك!\f □ \fr 5:30 \ft \+bd «بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك!»\+bd* ــ ياكى «مېنىڭ بوينۇمغا ئىككى ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن كىيىملەر ئولجا قىلىپ تەگكەن بولسا كېرەك!».\f* \m \v 31 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي! \m لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!». \m شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامانلىق تاپتى. \b \b \m \c 6 \s1 ئىسرائىلنىڭ گۇناھ قىلىشى، جازالىنىشى؛ خۇدانىڭ گىدېئوننى ھاكىملىققا چاقىرىشى \m \v 1 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىلغىچە مىدىيانىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. \v 2 ئۇ ۋاقىتتا مىدىيانىيلار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تاغلاردىن، ئۆڭكۈرلەردىن ۋە قورام تاشلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «قورام تاشلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى»\+bd* ــ ياكى «قورغانلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى». ئىبرانىي تىلىدا «ئىستىھكاملىق جايلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى».\f* \m \v 3 ھەر قېتىم ئىسرائىللار ئۇرۇق تېرىغاندا شۇنداق بولاتتىكى، مىدىيانىيلار، ئامالەكىيلەر ۋە مەشرىقتىكىلەر كېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. \v 4 ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا بارگاھلارنى تىكىپ، زېمىندىكى ھوسۇلنى ۋەيران قىلىپ، گازاغىچە ئىسرائىلغا ھېچقانداق ئاشلىق قالدۇرماي، ئۇلارنىڭ قوي، كالا، ئېشەكلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتەتتى. \v 5 چۈنكى ئۇلار چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، ئۆز مال-چارۋىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە تۆگىلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، زېمىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلاتتى. \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خار ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؛ ئاندىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى. \b \m \v 7 مىدىيانىيلارنىڭ دەستىدىن ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگىنىدە شۇنداق بولدىكى، \v 8 پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئېلىپ چىققانىدىم؛ \v 9 سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا سىلەرگە بارلىق زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەردىم \v 10 ۋە سىلەرگە: «مانا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ سىلەر ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قورقماڭلار» دېگەنىدىم. لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار»، ــ دېدى.\x + \xo 6:10 \xt 2پاد. 17‏:35، 38\x* \m \v 11 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ ئوفراھ دېگەن جايدا ئابىئېزەر جەمەتىدىكى يوئاشقا تەۋە بولغان دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا \add يوئاشنىڭ\add* ئوغلى گىدېئون مىدىيانىيلارنىڭ \add بۇلاڭچىلىقىدىن\add* ساقلىنىش ئۈچۈن شاراب كۆلچىكى ئىچىدە بۇغداي تېپىۋاتاتتى.\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «... شاراب كۆلچىكى ئىچىدە بۇغداي تېپىۋاتاتتى»\+bd* ــ شاراب كۆچلىكىدە بۇغداي تېپىش تولىمۇ قولايسىز، ئەلۋەتتە؛ بۇ گىدېئوننىڭ مىدىيانىيلاردىن قورققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! ــ دېدى. \m \v 13 گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى. \m \v 14 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ: ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.\x + \xo 6:14 \xt 1سام. 12‏:11؛ ئىبر. 11‏:32\x* \m \v 15 گىدېئون ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، مەن ئىسرائىلنى قانداق قۇتقۇزالايمەن؟ مېنىڭ ئائىلەم بولسا ماناسسەھ قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ نامرىتى، ئۆزۈم ئاتامنىڭ جەمەتىدە ئەڭ كىچىكىدۇرمەن، ــ دېدى. \m \v 16 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مەن جەزمەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ شۇڭا سەن مىدىيانلارنى بىر ئادەمنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ قىرىسەن، ــ دېدى. \m \v 17 گىدېئون ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ: ــ مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، مەن بىلەن سۆزلەشكۈچىنىڭ ھەقىقەتەن سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسەن؛ \v 18 ئۆتۈنىمەن، مەن يېنىپ كېلىپ ئۆز ھەدىيە-قۇربانلىقىمنى ئالدىڭغا قويغۇچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسەن، ــ دېدى. \m ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سەن يېنىپ كەلگۈچە كۈتىمەن، دېدى. \m \v 19 گىدېئون بېرىپ \add ئۆيگە\add* كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى).\f □ \fr 6:19 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* ــ 22 لىتر. ئاشلىق ئاز بولغان كۈنلەردە نامرات بىر ئائىلە ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ بىر ھەدىيە-قۇربانلىق بولاتتى.\f* \v 20 ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يەردىكى \add قورام\add* تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى تۆككىن، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى. \v 21 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، \add قورام\add* تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى. \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ــ ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! ــ دېدى. \m \v 23 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ خاتىرجەم بولغىن! قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 6:23 \ft \+bd «خاتىرجەم بولغىن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئېلەيكۇم!» (سالامۇئەلەيكۇم). ئىبرانىي تىلىدا مەنىسى ئادەتتە «ساڭا ئامان-سالامەتلىك بولغاي!».\f* \m \v 24 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ياھۋەھ-شالوم» دەپ ئاتىدى. بۇ قۇربانگاھ تا بۈگۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا بار.\f □ \fr 6:24 \ft \+bd «ياھۋەھ-شالوم»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى: «پەرۋەردىگار خاتىرجەملىكتۇر».\f* \m \v 25 ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن ئاتاڭنىڭ \add چوڭ\add* بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ ئاتاڭغا تەۋە بولغان بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشەراھ بۇتىنى كېسىۋەتكىن.\f □ \fr 6:25 \ft \+bd «سەن ئاتاڭنىڭ بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئاتاڭنىڭ ياش بۇقىسىنى، يەنى ئۇنىڭ يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ،...». \+bd «بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ...»\+bd* ــ بائالغا ئاتالغان قۇربانگاھ بەك چوڭ بولسا كېرەك. ئىككى بۇقا بەلكىم قۇربانگاھنى تارتىپ ئۆرۈش ئۈچۈن كېرەك بولۇشى مۇمكىن. \+bd «...ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشەراھ بۇتىنى كېسىۋەتكىن»\+bd* ــ ««ئاشەراھ»لار توغرۇلۇق 13:2 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 26 ئاندىن مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان، بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئىككىنچى بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 6:26 \ft \+bd «مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە...»\+bd* ــ ياكى «قورام تېشىنىڭ ئۈستىگە...» \+bd «بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە»\+bd* ــ «قان.» 6:25-7نى كۆرۈڭ. \+bd «ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن»\+bd* ــ 5:2 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ياكى پەرۋەردىگار ئۆزى مۆمىن بەندىلىرىگە كۆرۈنگەن يەرلەردە، ئۇ قۇربانگاھلار ۋە قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى بېكىتكەن بەلگىلىمىلەر بەزىدە باشقىچە بولۇشى مۇمكىن. گەرچە شۇ يەر پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن رەسمىي بېكىتكەن جاي بولمىسىمۇ، شۇنداقلا گىدېئون ئۆزى كاھىن بولمىسىمۇ، خۇدا بەرىبىر ئۆزى بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىگە ئۆزى ئىگىدۇر؛ ئۇنىڭ گىدېئونغا قىلغان بۇ ئەمرلىرى ئۆزىنىڭ شۇنداق پەۋقۇلئاددە جىددىي ئەھۋاللاردا گاھى ۋاقىتلاردا ئۆز بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.\f* \m \v 27 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ئون ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقىنىدەك قىلدى؛ لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە شەھەر ئادەملىرىدىن قورققىنى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلماي، كېچىسى قىلدى. \v 28 ئەتىسى سەھەردە شەھەر خەلقى قوپۇپ قارىسا، مانا، بائال قۇربانگاھى ئۆرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھ بۇتى كېسىۋېتىلگەنىدى ۋە يېڭى ياسالغان قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئىككىنچى بۇقا قۇربانلىق قىلىنغانىدى. \v 29 بۇنى كۆرۈپ ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ ــ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرىۋىدى، بۇنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. \v 30 شۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئادەملىرى يوئاشقا: ــ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەرگىن! ئۇ بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھنى كېسىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن! ــ دېدى. \m \v 31 بىراق يوئاش ئۆزىگە قارشىلىشىشقا تۇرغان كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالاشماقچىمۇسىلەر؟ سىلەر ئۇنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ كىمكى ئۇنىڭ توغرىسىدا دەۋالاشسا ئەتىگە قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن! ئەگەر بائال دەرۋەقە بىر خۇدا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇربانگاھىنى بىرسى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ئادەم بىلەن ئۆزى دەۋالاشسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 6:31 \ft \+bd «سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالاشماقچىمۇسىلەر؟»\+bd* ــ ياكى «سىلەر بائال ئۈچۈن جەڭ قىلماقچىمۇسىلەر؟». \+bd «...ئەتىگە قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن!»\+bd* ــ ياكى «...مۇشۇ ئەتىگەندىلا قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن!».\f* \m \v 32 بۇ سەۋەبتىن \add ئاتىسى\add* گىدېئوننى «يەرۇببائال» دەپ ئاتىدى، چۈنكى \add ئاتىسى\add*: «ئۇ بائالنىڭ قۇربانگاھىنى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، بائال ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالاشسۇن!» دېگەنىدى.\f □ \fr 6:32 \ft \+bd «بۇ سەۋەبتىن ئاتىسى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ سەۋەبتىن ئۇ...» ياكى «بۇ سەۋەبتىن ئۇلار...». \+bd «يەرۇببائال»\+bd* ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى: «بائالنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلسۇن!» (ياكى «دەۋالاشسۇن!»).\f* \m \v 33 ئەمما مىدىيان، ئامالەكلەر ۋە مەشرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، \add ئىئوردان\add* دەرياسىدىن ئۆتۈپ يىزرەئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. \v 34 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدېئوننىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ كاناي چېلىۋىدى، ئابىئېزەر جەمەتىدىكىلەر يىغىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. \v 35 ئاندىن ئۇ ئەلچىلەرنى ماناسسەھنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەرنى ئايلىنىپ كېلىشكە ئەۋەتىۋىدى، ماناسسەھلەر يىغىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئاشىرلارغا، زەبۇلۇنلارغا ۋە نافتالىلارغا ئەلچى ئەۋەتىۋىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. \b \m \s1 گىدېئوننىڭ خۇدادىن ئىككى قېتىم ئالامەت سورىشى \m \v 36 گىدېئون خۇداغا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغان بولساڭ، \v 37 ئۇنداقتا مانا، مەن خامانغا بىر پارچە قوي تېرىسى قويۇپ قويىمەن؛ ئەگەر پەقەت تېرىنىڭ ئۈستىگىلا شەبنەم چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، مەن ئۆزۈڭ ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن، ــ دېدى. \m \v 38 ئىش دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئەتىسى سەھەردە گىدېئون قوپۇپ، يۇڭنى سىقىۋىدى، لىق بىر پىيالە شەبنەم سۈيى چىقتى. \m \v 39 ئاندىن گىدېئون خۇداغا يەنە: غەزىپىڭنى ماڭا قوزغىمىغايسەن، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا دەيمەن! سەندىن ئۆتۈنەي، مەن پەقەت يەنە بۇ قېتىم بۇ تېرە بىلەن سىناپ باقاي؛ ئىلتىجا قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ قېتىم پەقەت تېرە قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەي، ــ دېدى.\x + \xo 6:39 \xt يار. 18‏:32\x* \m \v 40 بۇ كېچىسىمۇ خۇدا شۇنداق قىلدى؛ دەرۋەقە پەقەت تېرىلا قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. \b \b \m \c 7 \s1 خۇدانىڭ گىدېئوننى ئىككى قېتىم سىنىشى ۋە خاتىرجەم قىلىشى \m \v 1 يەرۇببائال (يەنى گىدېئون) ۋە ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، ھارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ چېدىر تىكتى. مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. \v 2 ئەمدى پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرالمايمەن. بولمىسا ئىسرائىل: «ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولى قۇتقۇزدى» دەپ ماختىنىپ كېتىشى مۇمكىن. \v 3 شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە: «كىملەر قورقۇپ تىترەك باسقان بولسا، ئۇلار گىلېئاد تېغىدىن يېنىپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغىن ــ دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى.\x + \xo 7:3 \xt قان. 20‏:8\x* \m \v 4 پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە: ــ خەلقنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتكۈزەي؛ مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارسۇن دېسەم»، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن؛ لېكىن مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن، ــ دېدى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىمكى ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن؛ ھەم كىمكى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنىمۇ ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن، ــ دېدى. \m \v 6 شۇنداق بولدىكى، ئوچۇمىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ سۇ ئىچكەنلەردىن ئۈچ يۈزى چىقتى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچتى. \v 7 ئاندىن پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ لېكىن قالغان خەلق بولسا ھەممىسى ئۆز جايىغا يېنىپ كەتسۇن، ــ دېدى.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن...»\+bd* ــ بۇ سىناشنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم كىمنىڭ جەڭ تەرەپكە ئويغاق تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. سۇ ئىچكەندە تىزلىنىپ يۈزىنى سۇغا تىقىپ ئىچكەنلەر خەتەرگە ئانچە سەگەك بولمىسا كېرەك. بۇ ئىشلار توغرۇلۇق باشقا خىل چۈشەنچلەرمۇ بار.\f* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن بۇ \add ئۈچ يۈز ئادەم\add* ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى. \m \v 9 شۇ كېچىسى شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ \v 10 ئەگەر سەن چۈشۈشتىن قورقساڭ، ئۆز خىزمەتكارىڭ پۇراھنى بىللە ئېلىپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن. \v 11 سەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلايسەن، ئاندىن سەن لەشكەرگاھقا \add ھۇجۇم قىلىپ\add* چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالايسەن، دېدى. \m بۇنى ئاڭلاپ ئۇ خىزمەتكارى پۇراھنى ئېلىپ لەشكەرگاھنىڭ چېتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى. \f □ \fr 7:11 \ft \+bd «جۈرئەت قىلالايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قولۇڭ كۈچلەندۈرۈلىدۇ».\f* \v 12 مانا مىدىيان، ئامالەك ۋە بارلىق مەشرىقتىكىلەر چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، جىلغىنىڭ بويىغا يېيىلغانىدى؛ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى كۆپلىكىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى.\x + \xo 7:12 \xt ھاك. 6‏:3، 5، 33\x* \m \v 13 گىدېئون بارغاندا، مانا، ئۇ يەردە بىرسى ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى: ــ مانا، مەن بىر چۈش كۆردۇم، چۈشۈمدە مانا، بىر ئارپا توقىچى مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا دومۇلاپ چۈشۈپتۇدەك؛ ئۇ چېدىرغا كېلىپ سوقۇلۇپتىدەك، شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۇلۈپ، دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ــ دەۋاتاتتى. \m \v 14 ئۇنىڭ ھەمراھى جاۋابەن تەبىر بېرىپ: ــ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ توقاچ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئىسرائىللىق ئادەم گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر؛ خۇدا مىدىيان ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ، دېدى. \m \v 15 شۇنداق بولدىكى، گىدېئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ بېرىلگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يېنىپ كېلىپ: ــ قوپۇڭلار، پەرۋەردىگار مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېدى. \b \m \s1 گىدېئوننىڭ غەلىبە قىلىشى \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن كاناي بىلەن بىردىن قۇرۇق كومزەكنى بەردى؛ ھەربىر كومزەك ئىچىدە بىردىن مەشئەل قويۇلدى. \m \v 17 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ماڭا قاراپ، مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلىڭلار. مانا، مەن لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا بارغاندا، نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ \v 18 مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى. \m \v 19 كېيىنكى يېرىم كېچىلىك كۆزەتنىڭ باشلىنىشىدا، كۆزەتچىلەر يېڭىدىن ئالماشقاندا، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يۈز ئادەم لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار كاناي چېلىپ قوللىرىدىكى كومزەكلەرنى چاقتى. \v 20 شۇ ھامان ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاناي چېلىپ، كومزەكلەرنى چېقىپ، سول قوللىرىدا مەشئەللەرنى تۇتۇپ، ئوڭ قوللىرىدا كانايلارنى ئېلىپ: ــ پەرۋەردىگارغا ۋە گىدېئونغا ئاتالغان قىلىچ! ــ دەپ توۋلاشقىنىچە، \v 21 ئۇلارنىڭ ھەربىرى لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىدا، ئۆز جايىدا تۇرۇشتى؛ ياۋ قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە پېتىراپ، ۋارقىراپ-جارقىرىغان پېتى قاچقىلى تۇردى. \v 22 بۇ ئۈچ يۈز ئادەم كاناي چالغاندا، پەرۋەردىگار پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكى ياۋ لەشكەرلىرىنى بىر-بىرىنى قىلىچلاشقا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋ قوشۇنى زېرەراھقا بارىدىغان يولدىكى بەيت-شىتتاھ تەرەپكە قاچتى؛ ئۇلار تابباتنىڭ يېنىدىكى ئابەل-مەھولاھنىڭ چېگرىسىغىچە قاچتى.\x + \xo 7:22 \xt زەب. 83‏:9-10\x* \m \v 23 ئاندىن نافتالى، ئاشىر ۋە پۈتكۈل ماناسسەھنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىسرائىللار چاقىرىپ كېلىندى ۋە ئۇلار مىدىيانىيلارنى قوغلىدى. \m \v 24 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا: ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت-باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت-باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى. \v 25 ئۇلار مىدىياننىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى ئەمىرىنى تۇتۇۋالدى؛ ئورەبنى ئۇلار «ئورەب قورام تېشى» ئۈستىدە، زەئەبنى «زەئەب شاراب كۆلچىكى»دە ئۆلتۈردى، مىدىيانىيلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئورەب ۋە زەئەبنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ قېشىغا كەلدى.\x + \xo 7:25 \xt زەب. 83‏:11-12؛ يەش. 10‏:26\x* \b \b \m \c 8 \m \v 1 (كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى.\x + \xo 8:1 \xt ھاك. 12‏:1\x* \v 2 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ \v 3 خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى).\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭغا قاراپ ئۇلارنىڭ روھلىرى تىنچلاندۇرۇلدى».\f* \m \v 4 ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى. \f □ \fr 8:4 \ft \+bd «ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى... دەريادىن ئۆتتى»\+bd* ــ 1-3-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ۋەقەلەر (ئەفرائىملارنىڭ گىدېئونلارغا ئاچچىقلىنىشى) 4-21-ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن ۋەقەلەردىن كېيىن بولغان بولسا كېرەك.\f* \v 5 گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە: ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ-چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى. \m \v 6 لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ: ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى.\f □ \fr 8:6 \ft \+bd «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «زەباھ ۋە زالمۇننانىڭ ئالقانلىرى ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟!». \+bd «بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟!»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ نان بەرمەسلىك سەۋەبى بەلكىم شۇكى، بىز نان بەرگەندىن كېيىن گىدېئون مەغلۇپ بولسا (ئۇنىڭ ئاران ئۈچ يۈز ئادىمى بار ئىدى)، مىدىيانىيلار قايتىپ كېلىپ بىزدىن ئۆچ ئالىدۇ، دەپ قورققان ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ مىدىيانىيلار بىلەن ئىتتىپاقى بولسا كېرەك.\f* \m \v 7 گىدېئون: ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى. \m \v 8 گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى. \v 9 ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە: ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئامان-تىنچلىق ئېلىپ يېنىپ كەلگىنىمدە...».\f* \m \v 10 ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. \v 11 گىدېئون بولسا نوباھ ۋە يوگبىخاھنىڭ شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى بىلەن چىقىپ مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى؛ چۈنكى لەشكەرگاھتىكىلەر تولىمۇ ئەندىشسىز تۇرغانىدى. \f □ \fr 8:11 \ft \+bd «... شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... شەرقىدىكى چېدىرلاردا تۇرغۇچىلار يولى». شۇ يەر مىدىيانىيلارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.\f* \v 12 زەباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى؛ گىدېئون كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكىلەرنى ئالاقزادە قىلىپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى.\x + \xo 8:12 \xt زەب. 83‏:11-12\x* \m \v 13 ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ھەرەس داۋىنىدىن ئۆتۈپ، جەڭدىن قايتىپ كەلدى. \v 14 ئۇ سۇككوتلۇق بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىۋىدى، يىگىت ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ بەردى؛ ئۇلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش يەتتە ئادەم ئىدى. \v 15 ئاندىن گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا: ــ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ: «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇشۇ ھارغىن ئادەملىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟» دېگەنىدىڭلار! مانا، ئۇ زەباھ ۋە زالمۇننا دېگەنلەر! ــ دېدى.\f □ \fr 8:15 \ft \+bd «زەباھ ۋە زالمۇننا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «زەباھ ۋە زالمۇننانىڭ ئالقانلىرى».\f* \m \v 16 شۇنى دەپ ئۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى يانتاق بىلەن شوخىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى.\f □ \fr 8:16 \ft \+bd «... ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى»\+bd* ــ ياكى «...ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى «خاماندا تەپتى»». ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن (17-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 17 ئاندىن ئۇ پەنۇئەلنىڭ مۇنارىنى ئۆرۈپ، شەھەردىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. \m \v 18 گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ: ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى. \m \v 19 ئۇ بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇلار مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىمدۇر، بىز بىر ئانىنىڭ ئوغۇللىرىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى تىرىك قويغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم، ــ دېدى؛ \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: ــ سەن قوپۇپ بۇلارنى ئۆلتۈرگىن، ــ دېدى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا قورقۇپ، قىلىچىنى سۇغۇرمىدى. \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن زەباھ ۋە زالمۇننا: ــ سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن؛ چۈنكى ئادەم قانداق بولسا كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، گىدېئون قوپۇپ زەباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلەرنى ئېلىۋالدى.\x + \xo 8:21 \xt زەب. 83‏:11-12\x* \b \m \s1 گىدېئوننىڭ پادىشاھ بولۇشنى رەت قىلىشى ۋە بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرىشى \m \v 22 ئاندىن ئىسرائىللار گىدېئونغا: ــ سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىكەنسەن، ئۆزۈڭ بىزگە پادىشاھ بولغىن؛ ئوغلۇڭ ۋە ئوغلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرسۇن، ــ دېدى. \m \v 23 ئەمما گىدېئون ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن، ئوغلۇممۇ ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلىدۇ، دېدى.\f □ \fr 8:23 \ft \+bd «مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ تەلىپى (22-ئايەت): «سەن گىدېئون بىزگە پادىشاھ بولغايسەن» دېگەنلىكتۇر. گىدېئون ئۇلارغا ھاكىملىق قىلغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ («كىرىش سۆز»ىمىزنى، «سامۇئىل (1)» 8- ۋە 12-باب ۋە «سامۇئىل (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 24 ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا-زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە-ھالقىلارنى تاقايتتى). \m \v 25 ئۇلار جاۋابەن: ــ بېرىشكە رازىمىز، دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ، ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىسىدىن زىرە-ھالقىلارنى ئېلىپ تاشلىدى. \v 26 ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.\f □ \fr 8:26 \ft \+bd «1700 شەكەل»\+bd* ــ ئالتۇن بولسا بەلكىم 20 كىلوگرامچە كېلەتتى.\f* \m \v 27 گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئەفود ياسىتىپ، ئۆز شەھىرى ئوفراھتا قويۇپ قويدى. نەتىجىدە، پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بىر تور-تۇزاق بولدى.\f □ \fr 8:27 \ft \+bd «ئەفود»\+bd* ــ ئەسلىدە باش كاھىن كىيىدىغان ئالاھىدە بىرخىل كىيىم ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق «مىس.» 6:28-30 ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا بېكىتكەن قانۇن بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن پەقەت بىرلا ئەفود بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت باش كاھىنلا ئۇنى تاقىشى كېرەك ئىدى. \+bd «...پۈتكۈل ئىسرائىل \+bd*\+bdit ئەفودنى\+bdit* ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى» ــ مۇسا پەيغەمبەر بېكىتكەن قانۇن بويىچە «ئەفود» ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىيالايتتى. لېكىن گىدېئون ياسىغان بۇ ئەفود خۇدا بېكىتكەن ئەفود ئەمەس ۋە كاھىنلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئىشلىتىلگەن ئەمەس. نەتىجىدە گىدېئون ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شۇ ئەفود ئارقىلىق ھوقۇقىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزگەن ۋە ئىسرائىللار ئەفودقا بۇت سۈپىتىدە چوقۇنۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. \fp «بۇزۇقچىلىق» ــ خۇدا ئالدىدا ھەرقانداق بۇتپەرەسلىك «روھىي بۇزۇقلۇق» ياكى «روھىي پاھىشىۋازلىق» دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f* \m \v 28 مىدىيانىيلار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى؛ زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئاراملىق تاپتى. \m \v 29 يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇردى. \v 30 گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى. \v 31 شەكەمدە ئۇنىڭ بىر كېنىزىكىمۇ بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى.\f □ \fr 8:31 \ft \+bd «ئۇ \+bd*\+bdit گىدېئونغا\+bdit* بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى» ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، گىدېئون پادىشاھ بولۇشنى رەت قىلغىنى بىلەن پادىشاھدەك كۆپ ئاياللىق بولغان ۋە شەكەمدىكى كېنىزىكىدىن تۇغۇلغان ئوغلىغا «مېنىڭ ئاتام پادىشاھدۇر» («ئابىمەلەك») دەپ ئىسىم قويغان.\f* \m \v 32 يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھدا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى. \m \v 33 گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال-بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى. \v 34 شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى \v 35 ۋە شۇنىڭدەك گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرىنى ھېچ ئەسلىمەي، يەرۇببائال (يەنى گىدېئون)نىڭ جەمەتىگە ھېچبىر مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى. \b \b \m \c 9 \s1 ئابىمەلەكنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە پادىشاھ بولۇۋېلىشى \m \v 1 ئەمدى يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەمدىكى ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ۋە ئانىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە: ــ \v 2 سىلەر شەكەمدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ قۇلىقىغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۈچۈن يەتمىش كىشى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ ياكى بىرلا ئادەمنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارمەن» ــ دېگەن گېپىمنى يەتكۈزۈڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 9:2 \ft \+bd «...مەن سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...مەن سىلەرنىڭ سۆڭەك ۋە ئەتلىرىڭلاردىنمەن».\f* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى شەكەمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئېيتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئابىمەلەككە مايىل بولۇپ: ــ ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنغۇ، دىيىشىپ، \v 4 بائال-بېرىتنىڭ بۇتخانىسىدىن يەتمىش شەكەل كۈمۈشنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردى. بۇ پۇل بىلەن ئابىمەلەك بىرمۇنچە بىكار تەلەپ لۈكچەكلەرنى ياللاپ، ئۇلارغا باش بولدى. \v 5 ئاندىن ئۇ ئوفراھقا، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن يەرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتام يوشۇرۇنىۋالغاچقا، قۇتۇلۇپ قالدى. \m \v 6 ئاندىن پۈتكۈل شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللودىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.\f □ \fr 9:6 \ft \+bd «\+bd*\+bdit ئۇلار\+bdit*... يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى» ــ ئىلگىرى يەشۇئا پەيغەمبەر شۇ جايدا خەلق بىلەن «خۇدانىڭ يولىدا ماڭايلى» دەپ ئەھدە تۈزۈپ، ئەھدىنامىنى شۇ دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويغان («يە.» 26:24).\f*  \x + \xo 9:6 \xt يە. 24‏:26\x* \m \v 7 بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ: ــ ئەي شەكەم چوڭلىرى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئاندىن خۇدامۇ سىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. \f □ \fr 9:7 \ft \+bd «ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، گەرىزىم تېغى شەكەم شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرىدۇ.\f* \v 8 كۈنلەردىن بىر كۈنى دەرەخلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر دەرەخنى مەسىھلەپ پادىشاھ تىكلەشكە ئىزدەپ چىقىپ، زەيتۇن دەرىخىگە: ــ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇپ بەرگىن، دەپتىكەن. \v 9 زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان مېيىمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. \m \v 10 بۇنى ئاڭلاپ دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ؛ \v 11 ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز شىرنەم بىلەن ياخشى مېۋەمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم تاللىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ، \v 13 ئۈزۈم تېلى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خۇدا بىلەن ئادەملەرنى خۇش قىلىدىغان يېڭى شارابنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. \m \v 14 ئاندىن دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئازغاننىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ؛ \v 15 ئازغان ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۈستۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىڭلار؛ بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ! ــ دەپتۇ.\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «... بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ!»\+bd* ــ يوتامنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆز ئاتىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ گىدېئون گەرچە «تېگى پەس» ئادەم بولسىمۇ، ئىسرائىلغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۆز ھاياتىنى بىرنەچچە قېتىم تەۋەككۈل قىلدى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشى كېرەك.\f* \m \v 16 ئەگەر سىلەرنىڭ ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغىنىڭلار راست سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيەت بىلەن بولغان بولسا، يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلغان، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بويىچە ئۇنىڭغا قايتۇرغان بولساڭلار ــ \f □ \fr 9:16 \ft \+bd «يەرۇببائال»\+bd* ــ يەنى «گىدېئون» ــ 32:6نى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بويىچە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەمەللىرى بويىچە...».\f* \v 17 (چۈنكى ئاتام سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۆز جېنىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىلەرنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! \v 18 لېكىن سىلەر بۈگۈن ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى تۇغقىنىڭلار بولغىنى ئۈچۈن شەكەم خەلقىنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەپسىلەر!) \v 19 ــ ئەمدى ئەگەر سىلەر يەرۇببائال ۋە جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، سىلەر ئابىمەلەكتىن خۇشاللىق تاپقايسىلەر، ئۇمۇ سىلەردىن خۇشاللىق تاپقاي! \v 20 لېكىن بولمىسا، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىنى يەپ كەتسۇن؛ شۇنداقلا، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىدىن ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن! ــ دېدى. \m \v 21 يوتام قېرىندىشى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. \m \v 22 ئابىمەلەك ئىسرائىلغا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 23 خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شەكەمدىكىلەر ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا قوزغالدى. \f □ \fr 9:23 \ft \+bd «بىر يامان روھ»\+bd* ــ بىر جىن، دېمەك.\f* \v 24 بۇنىڭ مەقسىتى، يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىغا قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە قان قەرزنى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن قېرىندىشى ئابىمەلەكنىڭ بوينىغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن شەكەمدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. \b \m \v 25 شەكەمدىكى كىشىلەر ئابىمەلەكنى تۇتماقچى بولۇپ، تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا پايلاقچىلارنى بۆكتۈرمە قىلىپ تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ ئىش ئابىمەلەككە يەتكۈزۈلدى. \m \v 26 ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كۆچۈپ كېلىۋىدى، شەكەمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇنى ئۆز يار-يۆلىكى قىلدى. \v 27 شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەردىن ئېتىزلىققا چىقىپ، ئۈزۈمزارلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ سىقىپ، شاراب ياساپ، شادلىق قىلىپ ئۆز بۇتىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، يەپ-ئىچىشىپ ئابىمەلەكنىڭ ئۈستىدىن لەنەت ئوقۇغىلى تۇردى. \f □ \fr 9:27 \ft \+bd «شاراب ياساپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈزۈملەرنى دەسسەپ...».\f* \v 28 ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال: ــ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ زەبۇل ئۇنىڭ نازاتەتچىسى ئەمەسمۇ؟ سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ! بىز نېمىشقا ئابىمەلەكنىڭ خىزمىتىدە بولىدىكەنمىز؟ \f □ \fr 9:28 \ft \+bd «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «يەرۇببائال» دېگەننىڭ مەنىسى «بائالنىڭ ئۆزى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلسۇن!» دېگەنلىك بولۇپ، گىدېئون (يەنى، يەرۇببائال)نىڭمۇ بائالغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. شۇڭا گائالنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى شەكەمدىكىلەر بائالپەرەسلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بائالغا قارشى تۇرغان ئادەمنىڭ ئوغلىنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؟» دېگەندەك ئىدى. \+bd «سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە شەكەمدىكىلەر ھامور دېگەن بىر كىشىگە بېقىندى ئىدى («يار.» 34-بابنى كۆرۈڭ). ھامور تۇنجى ئوغلىغا شەھەرنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويغان. «شەكەمنىڭ ئاتىسى» دەل مۇشۇ ھامورنى كۆرسىتىدۇ؛ ئابىمەلەك شەھەرنى سوراشتىن بۇرۇن «شەھەر باشلىقى» ھامورنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن چىققان بولسا كېرەك.\f* \v 29 كاشكى بۇ خەلق مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا ئىدى! ئۇ چاغدا مەن ئابىمەلەكنى ھەيدىۋتەتتىم! مەن ئابىمەلەككە: ــ ئۆز قوشۇنىڭنى كۆپەيتىپ، جەڭگە چىققىن! ــ دېگەن بولاتتىم. \m \v 30 ئەمدى شەھەر باشلىقى زەبۇل ئەبەدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، ئاچچىقى كېلىپ، \v 31 ئەلچىلەرنى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ: «مانا، گائالنىڭ ئوغلى قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەمگە كېلىۋاتىدۇ؛ مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. \f □ \fr 9:31 \ft \+bd «مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى تۇرۇشقا مۇستەھكەملەۋاتىدۇ».\f* \v 32 شۇڭا سىلى ئادەملىرىنى ئېلىپ بۈگۈن كېچە \add شەھەر\add* ئەتراپىدىكى ئېتىزلىققا بېرىپ ماراپ ئولتۇرغايلا؛ \v 33 ئەتە كۈن چىققان ھامان قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغايلا؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سىلىگە قارشى چىققاندا، سىلى ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغايلا، ــ دېدى. \m \v 34 بۇنى ئاڭلاپ، ئابىمەلەك ھەممە ئادەملىرىنى ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ، يوشۇرۇنۇپ شەكەمگە ھۇجۇم قىلىشقا ماراپ ئولتۇردى. \m \v 35 ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال سىرتقا چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئابىمەلەك ئۆز ئادەملىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقتى. \v 36 گائال خەلقنى كۆرۈپ زەبۇلغا: ــ مانا تاغ چوققىلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، دېدى. لېكىن زەبۇل ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تاغلارنىڭ كۆلەڭگىسى ساڭا ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ، ــ دېدى. \m \v 37 گائال يەنە سۆز قىلىپ: مانا، بىر توپ ئادەملەر دۆڭلەردىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر توپ ئادەملەر «پالچىلارنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 38 ئاندىن زەبۇل ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى، بىز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتۇقمۇ؟» دەپ چوڭ گەپ قىلغان ئاغزىڭ ھازىر قېنى؟ مانا بۇلار سەن كۆزگە ئىلمىغان خەلق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ باققىن! ــ دېدى. \m \v 39 شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەمدىكىلەر بىلەن چىقىپ ئابىمەلەك بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى. \v 40 لېكىن ئابىمەلەك ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يارىلانغان ئادەملەر شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە يېتىشىپ كەتكەنىدى. \v 41 ئاندىن ئابىمەلەك ئارۇماھدا تۇرۇپ قالدى. زەبۇل بولسا گائال ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ شەكەمدە تۇرۇشىغا يول قويمىدى. \v 42 ئەتىسى \add گائالدىكىلەر\add* دالاغا چىقتى؛ بۇ خەۋەر ئابىمەلەككە يەتكەندە \v 43 ئۇ خەلقىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، دالادا يوشۇرۇنۇپ ماراپ تۇردى؛ ئۇ قاراپ تۇرۇۋىدى، شەكەم خەلقى شەھەردىن چىقتى. ئۇ قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. \v 44 ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىرىنچى توپ ئاتلىنىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېسىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى؛ قالغان ئىككى توپ ئېتىلىپ بېرىپ دالادا تۇرغان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قىرىۋەتتى. \v 45 شۇ تەرىقىدە ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى خانىۋەيران قىلىپ ئۈستىگە تۇزلارنى چېچىۋەتتى. \m \v 46 شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ، بېرىت دېگەن بۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قورغانغا كىرىۋالدى. \f □ \fr 9:46 \ft \+bd «شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەر... بۇنى ئاڭلاپ، بېرىت دېگەن بۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قورغانغا كىرىۋالدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا «شەكەم مۇنارى» شەكەم شەھىرىدىن ئايرىم تۇرسا كېرەك. مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇ «بەيت-مىللو» دېگەن جايغا ئوخشاشتۇر (20:9-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن لەنەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 47 شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىۋاپتۇ، دېگەن خەۋەر ئابىمەلەككە يەتتى. \v 48 شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ئادەملىرىنى ئېلىپ زالمون تېغىغا چىقتى؛ ئۇ قولىغا پالتىنى ئېلىپ دەرەخنىڭ بىر شېخىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۆشنىسىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزى بىلەن بولغان خەلققە: ــ مېنىڭ نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ تېزدىن شۇنداق قىلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 49 بۇنى ئاڭلاپ خەلقنىڭ ھەربىرى ئابىمەلەكتەك بىردىن شاخنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ، شاخلارنى قورغاننىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇپ قورغان ۋە ئۇنىڭدا بولغانلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەكەمنىڭ مۇنارىدىكى ھەممە ئادەملەر، جەمئىي مىڭچە ئەر-ئايال ئۆلدى. \m \v 50 ئاندىن ئابىمەلەك تەبەزگە بېرىپ، ئۇ يەردە بارگاھ قۇرۇپ تەبەزكە قورشاپ، ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. \v 51 لېكىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر مۇنار بار ئىدى؛ بارلىق ئەر-ئايال، جۈملىدىن شەھەرنىڭ ھەممە چوڭلىرى ئۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقاپ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. \v 52 ئابىمەلەك مۇنارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇشقا مۇنارنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا، \v 53 بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا ئېتىپ ئۇنىڭ باش سۈڭىكىنى سۇندۇرىۋەتتى. \x + \xo 9:53 \xt 2سام. 11‏:21\x* \v 54 ئاندىن ئابىمەلەك دەرھال ئۆز يارىغىنى كۆتۈرگۈچى يىگىتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا، خەلق مېنىڭ توغرامدا: «بىر ئايال كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېيىشىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ يىگىت ئۇنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. \m \v 55 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئابىمەلەكنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. \v 56 شۇنداق قىلىپ خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئاكا-ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتىسىغا قىلغان رەزىللىكىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇردى؛ \v 57 شۇنىڭدەك خۇدا شەكەمنىڭ ئادەملىرى قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ياندۇرۇپ چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتام ئېيتقان لەنەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلدى. \b \b \m \c 10 \s1 تولا ۋە يائىرنىڭ «ھاكىم» بولۇشى \m \v 1 ئابىمەلەكتىن كېيىن ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان دودونىڭ نەۋرىسى، پۇئاھنىڭ ئوغلى تولا دېگەن كىشى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا تۇردى؛ ئۇ ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدىكى شامىر دېگەن جايدا تۇراتتى؛ \v 2 ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئۈچ يىل ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شامىردا دەپنە قىلىندى. \m \v 3 ئۇنىڭدىن كېيىن گىلېئادلىق يائىر تۇردى؛ ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئىككى يىل ھاكىم بولدى. \v 4 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇز تەخەيگە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار ئوتتۇز شەھەرگە ئىگىدارچىلىق قىلاتتى؛ بۇ شەھەرلەر گىلېئاد يۇرتىدا بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە «يائىرنىڭ كەنتلىرى» دەپ ئاتالماقتا. \f □ \fr 10:4 \ft \+bd «يائىرنىڭ كەنتلىرى»\+bd* ــ ياكى «ھاۋۋوت-يائىر».\f* \v 5 يائىر ۋاپات بولۇپ، كاموندا دەپنە قىلىندى. \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ يەنە گۇناھقا پېتىشى \m \v 6 لېكىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، بائال بىلەن ئاشىراھ بۇتلىرىغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا سۇرىيەنىڭ ئىلاھلىرى، زىدوندىكىلەرنىڭ ئىلاھلىرى، موئابنىڭ ئىلاھلىرى، ئاممونىيلارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە فىلىستىيلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە بولمىدى. \f □ \fr 10:6 \ft \+bd «سۇرىيە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئارام».\f*  \x + \xo 10:6 \xt ھاك. 2‏:11؛ 3‏:7؛ 4‏:1؛ 6‏:1\x* \v 7 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. \f □ \fr 10:7 \ft \+bd «... ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئاممونىيلارنىڭ قولىغا سېتىپ بەردى».\f* \v 8 بۇلار بولسا شۇ يىلى ئىسرائىللارنى قاتتىق بېسىپ ئەزدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ئون سەككىز يىلغىچە زۇلۇم قىلدى. \f □ \fr 10:8 \ft \+bd «... ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە».\f* \v 9 ئاممونىيلار يەنە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرائىم جەمەتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى: شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل قاتتىق ئازابلاندى. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ بىز ساڭا گۇناھ قىلدۇق، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كەتتۇق، دېدى. \m \v 11 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: ــ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن، ئامورىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە فىلىستىيلەردىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ \v 12 زىدونىيلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغىنىدا، ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ \v 13 شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنە مېنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردىڭلار. مەن سىلەرنى ئەمدى قۇتقۇزمايمەن! \x + \xo 10:13 \xt قان. 32‏:15؛ يەر. 2‏:13\x* \v 14 ئەمدى بېرىپ ئۆزۈڭلار تاللىغان ئىلاھلارغا پەرياد قىلىڭلار، قىيىنچىلىققا قالغان چېغىڭلاردا شۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، ــ دېدى. \m \v 15 ئەمما ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: ــ بىز گۇناھ قىلدۇق! ئەمدى نەزىرىڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە بىزگە شۇنداق قىلغىن، بىزنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دېدى. \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل يات ئىلاھلارنى ئۆز ئارىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى؛ \add پەرۋەردىگار\add* ئىسرائىلنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولدى. \b \m \s1 غېرىپ ئادەمنىڭ سەردار بولۇشى ــ يەفتاھ \m \v 17 شۇ ۋاقىتتا ئاممونىيلار توپلىنىپ گىلېئادتا چېدىرگاھ تىكتى؛ ئىسرائىللارمۇ يىغىلىپ كېلىپ مىزپاھغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكتى. \v 18 گىلېئادتىكى خەلقنىڭ چوڭلىرى ئۆزئارا: ــ كىم ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا باشلامچى بولسا، ئۇ بارلىق گىلېئادتتىكىلەرگە باش بولىدۇ، دېدى.\x + \xo 10:18 \xt ھاك. 11‏:6، 9، 10، 11\x* \b \b \m \c 11 \m \v 1 شۇ چاغدا گىلېئادلىق يەفتاھ دېگەن كىشى باتۇر پالۋان ئىدى. ئۇ بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى. \f □ \fr 11:1 \ft \+bd «\+bd*\+bdit يەفتاھ\+bdit* بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى» ــ يەفتاھنىڭ ئاتىسى گىلېئاد ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى گىلېئاد ئەمەس، ئەلۋەتتە («چۆل.» 29:26). لېكىن ئۇ گىلېئادتىكىلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك. \fp «گىلېئاد» (مەنىسى «تاشلىق رايون») دېگەن جاي خېلى بۇرۇنلا شۇ نام بىلەن تونۇلغان (مەسىلەن «يار.» 21:31). ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى گىلېئادقا شۇ يەرنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ؛ كېيىن ئۇنىڭ ئەجدادلىرى دەرۋەقە شۇ رايوندا ئولتۇراقلاشتى.\f*  \x + \xo 11:1 \xt ئىبر. 11‏:32\x* \v 2 لېكىن گىلېئادنىڭ ئۆز ئايالى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەنىدى؛ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى چوڭ بولغاندا يەفتاھنى ئۆيدىن قوغلاپ: ــ سەن باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغۇل بولغاچقا، ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدىن مىراسقا ئىگە بولمايسەن، ــ دېدى. \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب دېگەن زېمىندا تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە بىرمۇنچە بىكار تەلەپلەر يەفتاھنىڭ ئەتراپىغا بىر-بىرلەپ يىغىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى.\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «... چىقىپ-كىرىپ يۈرەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىبارە بەلكىم بۇلاڭچىلىق قىلىشقا چىقىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئاممونىيلار ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقا چىقتى. \v 5 ئاممونىيلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھنى توب زېمىنىدىن ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى. \v 6 ئۇلار بېرىپ يەفتاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ بىزنىڭ ئاممونىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن سەن كېلىپ بىزگە سەردار بولۇپ بەرگىن، ــ دېدى. \m \v 7 يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىغا جاۋابەن: ــ سىلەر مېنى ئۆچ كۆرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ھەيدىۋەتكەنىدىڭلارغۇ، ئەمدى بېشىڭلارغا بالايىئاپەت چۈشكەندە قانداقسىگە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قالدىڭلار، ــ دېدى. \m \v 8 گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا: ــ دۇرۇس، لېكىن سېنى بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئاممونىيلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، گىلېئادتا ھەممە ئولتۇرۇۋاتقانلارغا باش بولسۇن دەپ، قېشىڭغا كەلدۇق، ــ دېدى. \m \v 9 يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: ــ ئەگەر سىلەر مېنى ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا ياندۇرۇپ بارغىنىڭلاردا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرسا، مەن سىلەرگە باش بولامدىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 10 گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلمىساق، پەرۋەردىگار ئۆزى ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇپ ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. \m \v 11 بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى.\f □ \fr 11:11 \ft \+bd «...ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەممە ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈرگۈزەتتى».\f* \b \m \s1 يەفتاھنىڭ تارىختىن دەرس بېرىشى \m \v 12 ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 13 ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە ئۇلار ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ \add شىمالدىكى\add* ياببوك ئېقىنىغىچە ۋە \add غەربتە\add* ئىئوردان دەرياسىغىچە مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلاپ ئىگىلىۋالغانىدى. ئەمدى سەن بۇ يەرلەرنى تىنچلىق بىلەن ماڭا ياندۇرۇپ بەر! ــ دېدى. \m \v 14 يەفتاھ ئەلچىلەرنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا يەنە ئەۋەتىپ \v 15 ئۇنىڭغا: ــ يەفتاھ سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل نە موئابنىڭ زېمىنىنى نە ئامموننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىمىدى، \x + \xo 11:15 \xt چۆل. 21‏:‏13؛ قان. 2‏:9، 19\x* \v 16 بەلكى ئۇلار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە چۆل-باياۋاندا مېڭىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاندىن قادەش دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەنىدى؛ \v 17 شۇ چاغدا ئىسرائىللىقلار ئېدوم پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «زېمىنلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا» دەپ سورىۋىدى، ئېدوم پادىشاھى ئۇنىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىغا \add ئىلتىجا بىلەن\add* ئەلچىلەرنى ئەۋەتسە، ئۇمۇ قوشۇلمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار قادەشتە تۇرۇپ قالغان؛ \x + \xo 11:17 \xt چۆل. 20‏:17\x* \v 18 ئاندىن ئۇلار چۆل-باياۋان بىلەن مېڭىپ ئېدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىن كېلىپ، ئاخىرىدا ئارنون دەرياسىنىڭ شۇ قېتىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار موئابنىڭ چېگرىسى ئىچىگە كىرمىدى؛ چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسىدۇر. \v 19 ئاندىن ئىسرائىل ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بىزنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئۆز جايىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيلا» ــ دېدى.\x + \xo 11:19 \xt چۆل. 21‏:22؛ قان. 2‏:26\x* \m \v 20 لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى. \v 21 ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى. \v 22 ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوك ئېقىنىغىچە، چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە ئامورىيلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. \x + \xo 11:22 \xt قان. 2‏:36\x* \v 23 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقاردى، ئەمدى سەن شۇ يۇرتقا ئىگە بولماقچىمۇسەن؟ \v 24 سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن خەلقنىڭ يېرىگە بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىگە بولىمىز.\f □ \fr 11:24 \ft \+bd «سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟»\+bd* ــ يەفتاھنىڭ «ئىلاھىڭ قېموش» دېگىنى ھەرگىزمۇ قېموشنى ھەقىقەتەن «بىر خۇدا» دەپ ئېتىراپ قىلغىنى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇ پەقەت ئىشلارنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ كۆزقارىشى بويىچە بايان قىلىدۇ، خالاس. 27-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 ئەمدى سەن دەرۋەقە موئابنىڭ پادىشاھى بولغان زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ قاچان ئىسرائىل بىلەن تىركەشكەن ياكى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان؟ \x + \xo 11:25 \xt چۆل. 22‏:2\x* \v 26 يەنە كېلىپ، ئىسرائىل ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا، ئاروئەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا، نېمىشقا سىلەر شۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالمىدىڭلار؟\f □ \fr 11:26 \ft \+bd «ئىسرائىل ھەشبون ... ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا»\+bd* ــ بۇ «300 يىل»نىڭ قانداق ھېسابلانغانلىقىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىن كۆرۈڭ.\f* \m \v 27 شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى. \m \v 28 لېكىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشىمىدى. \b \m \s1 يەفتاھنىڭ قەسەم قىلىشى \m \v 29 شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى يەفتاھنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ \add قۇۋۋەتلىنىپ\add* گىلېئاد بىلەن ماناسسەھلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ گىلېئادتىكى مىزپاھقا بېرىپ، ئاندىن گىلېئادتىكى مىزپاھدىن ئاممونىيلار تەرەپكە ماڭدى. \v 30 شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ، \v 31 ئۇنداقتا مەن ئاممونىيلارنىڭ قېشىدىن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ، مەن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 11:31 \ft \+bd «.... ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى...»\+bd* ــ يەفتاھنىڭ مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى ئەسلىدە ئىنسان ئەمەس، بەلكى بىرەر چارپاي بولسا كېرەك.\f* \m \v 32 شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ چىقىپ ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشقىلى ئۇلار تەرەپكە ئۆتتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. \v 33 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاروئەردىن تارتىپ مىننىتقىچە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىرىپ، يىگىرمە شەھەرنى ئېلىپ، ئابەل-قېرامىمغىچىمۇ يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار ئىسرائىلغا بويسۇندۇرۇلدى. \m \v 34 ئاندىن يەفتاھ مىزپاھقا قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆز قىزى داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى چىقتى. بۇ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئوغۇل-قىزى يوق ئىدى. \v 35 ئۇ ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىگىنلىرىنى يىرتىپ: ــ ئاھ، ئاھ، مېنىڭ قىزىم! سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگارغا ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېيتقان گېپىمدىن يېنىۋالالمايمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 11:35 \ft \+bd «سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سەن مېنى بەك پەسكە چۈشۈردۇڭ، مېنى پاراكەندە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ چىقتىڭ».\f* \m \v 36 قىزى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئاتا، پەرۋەردىگارغا ئاغزىڭنى ئېچىپ ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئاغزىڭدىن چىققىنى بويىچە، ماڭا شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ بولغان ئاممونىيلاردىن ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردى، ــ دېدى. \m \v 37 ئاندىن ئۇ ئاتىسىغا يەنە: ــ مېنىڭ شۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل كۆرگىنكى، ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ؛ مەن قىز دوستلىرىم بىلەن بېرىپ تاغلاردا يۈرۈپ، قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي، ــ دېدى.\f □ \fr 11:37 \ft \+bd «...قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي»\+bd* ــ دېمەك، ئۆي-ئوچاقسىز، پەرزەنتسىز بولۇپ بۇ دۇنيادىن كېتىدىغىنى ئۈچۈن.\f* \m \v 38 ئاتىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بارغىن، دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بېرىپ دالاغا ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، قىز دوستلىرىنى ئېلىپ تاغلارغا چىقىپ، ئىككى ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىز پېتى قالغىنىغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈردى. \v 39 شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى. بۇ قىز بولسا ھېچ ئەر كىشىگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئۆرپ-ئادەت پەيدا بولدىكى، \f □ \fr 11:39 \ft \+bd «...ئاتىسى \+bd*\+bdit يەفتاھ\+bdit* ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى» ــ يەفتاھ ئۆز قىزىنى قۇربانلىق قىلدىمۇ؟ ياكى بۇ سۆزلەرنىڭ باشقا مەنىسى بارمۇ؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئالىملارنىڭ پىكىرلىرى توغرۇلۇق ئازراق مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.\f* \v 40 ھەر يىلى ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئۆيدىن چىقىپ يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى.\f □ \fr 11:40 \ft \+bd «...يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى»\+bd* ــ ياكى «... يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ ماتەم تۇتىدىغان بولدى».\f* \b \b \m \c 12 \s1 ئىسرائىلدا ھەسەتخورلۇق تۈپەيلىدىن جېدەل پەيدا بولۇشى \m \v 1 لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «...زافون تەرەپكە ئۆتۈپ...»\+bd* ــ ياكى «شىمال تەرەپكە ئۆتۈپ...».\f*  \x + \xo 12:1 \xt ھاك. 8‏:1\x* \m \v 2 يەفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن خەلقىم ئاممونىيلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلىۋاتقاندا، سىلەرنى چاقىرسام، مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىڭلار. \v 3 سىلەرنىڭ كېلىپ مېنى قۇتقۇزمايدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئاممونىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن كېلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.\f □ \fr 12:3 \ft \+bd «...ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم»\+bd* ــ ئىبرابىي تىلىدا «...ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتۈم». مەلۇم بىر دەريا-ئۆستەڭدىن ئۆتكەن بولسا كېرەك.\f* \m \v 4 لېكىن ئەفرائىملار گىلېئادلارنى \add ھاقارەتلەپ\add*: ــ سىلەر ئى گىلېئادلار، ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا ۋە ماناسسەھنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، ئەفرائىمدا تۇرۇۋاتقان قاچقۇنسىلەر، خالاس! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ بارلىق گىلېئادتىكىلەرنى يىغىپ ئەفرائىم بىلەن سوقۇشتى. ئۇلار ئەفرائىملارنى ئۇرۇپ قىرىپ مەغلۇپ قىلدى. \f □ \fr 12:4 \ft \+bd «سىلەر ئى گىلېئادلار، ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا ۋە ماناسسەھنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، ئەفرائىمدا تۇرۇۋاتقان قاچقۇنسىلەر، خالاس!»\+bd* ــ گىلېئادلار ئەسلىدە ماناسسەھ قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققانىدى.\f* \v 5 ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ئەفرائىملارنى ئۆتكۈزمىدى. شۇنداق بولدىكى، ئەفرائىملىق بىرەر قاچقون كېچىككە كېلىپ: ــ مېنى ئۆتكىلى قويغىن، دېسە گىلېئادتىكىلەر ئۇنىڭدىن: ــ سەن ئەفرائىمىيمۇ؟ ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى «ياق» دېسە، \f □ \fr 12:5 \ft \+bd «ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ئەفرائىملارنى ئۆتكۈزمىدى»\+bd* ــ ياكى «ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇۋالدى».\f* \v 6 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «شىبولەت» دېگىن! ــ دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ناتوغرا تەلەپپۇز قىلىپ «سىبولەت» دەپ جاۋاب بېرىپ قالسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇ تەرىقىدە شۇ ۋاقىتتا قىرىق ئىككى مىڭچە ئەفرائىمىي ئۆلتۈرۈلدى.\f □ \fr 12:6 \ft \+bd «شىبولەت»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئېقىن» ياكى «كەلكۈن» بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا پەقەت كېچىككە يەتكەن ئادەملەرنىڭ تەلەپپۇزىنى سىناش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، خالاس. روشەنكى، ئەفرائىمىيلار ئادەتتە «ش»نىڭ تەلەپپۇزىنى چىقارالمايتتى. \+bd «سىبولەت»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى «بۇغداي باشىقى».\f* \m \v 7 يەفتاھ ئالتە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. ئاندىن گىلېئادلىق يەفتاھ ئالەمدىن ئۆتۈپ، گىلېئاد شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە دەپنە قىلىندى. \b \m \s1 ئىبزاننىڭ ھاكىم بولۇشى \m \v 8 ئۇنىڭدىن كېيىن بەيت-لەھەملىك ئىبزان ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. \v 9 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ، ئوتتۇز قىزىنى سىرتقا ئەرگە بېرىپ، سىرتتىن ئوتتۇز قىزنى ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بەردى. ئۇ يەتتە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. \f □ \fr 12:9 \ft \+bd « \+bd*\+bdit ئىبزاننىڭ\+bdit* ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ...» ــ روشەنكى، ئىبزان يەفتاھقا ئوخشىمايتتى، ئۇ كۆپ ئاياللىق بولغانىدى.\f* \v 10 ئاندىن ئىبزان ئۆلۈپ، بەيت-لەھەمدە دەپنە قىلىندى. \b \m \s1 ئېلون ۋە ئابدوننىڭ ھاكىم بولۇشى \m \v 11 ئۇنىڭدىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىلغا ھاكىم بولۇپ، ئون يىل ئىسرائىلدا ھۆكۈم سۈردى. \v 12 ئاندىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئۆلۈپ، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئايجالون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. \m \v 13 ئۇنىڭدىن كېيىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. \v 14 ئۇنىڭ قىرىق ئوغلى ۋە ئوتتۇز نەۋرىسى بار ئىدى. ئۇلار يەتمىش ئېشەككە مىنىپ ماڭاتتى. ئۇ ئىسرائىلغا سەككىز يىل ھاكىم بولدى. \x + \xo 12:14 \xt ھاك. 10‏:4\x* \v 15 ئاندىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئۆلۈپ، ئەفرائىم زېمىنىدا، ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىدىكى پىراتون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. \b \b \m \c 13 \s1 شىمشوننىڭ تۇغۇلۇشى \m \v 1 لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى.\x + \xo 13:1 \xt ھاك. 2‏:11؛ 3‏:7؛ 4‏:1؛ 6‏:1؛ 10‏:6\x* \b \m \v 2 شۇ چاغدا زورېئاھ دېگەن جايدا، دان جەمەتىدىن بولغان، مانوئاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، ھېچ بالىسى يوق ئىدى. \v 3 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن تۇغماس بولغىنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغمىدىڭ؛ لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. \v 4 ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن. \x + \xo 13:4 \xt چۆل. 6‏:2، 3\x* \v 5 چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان «نازارىي» بولىدىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى باشلايدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 13:5 \ft \+bd «نازارىي»\+bd* ــ خۇدانىڭ يولىغا ئالاھىدە ئاتالغان بىر كىشى. ئۇلار توغرۇلۇق «چۆل.» 6-باب ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:5 \xt چۆل. 6‏:5؛ 1سام. 1‏:11\x* \b \m \v 6 ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى. \f □ \fr 13:6 \ft \+bd «خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك»\+bd* ــ ئايال كۆرگەن مۇشۇ پەرىشتىنىڭ «خۇدانىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» (دېمەك، مەسىھ) دېگەن زاتنىڭ ئۆزى («تەبىرلەر»ىمىزنى ۋە كېيىنكى 16-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 7 ئۇ ماڭا: ــ «مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن؛ ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان بىر نازارىي بولىدىغان بولغاچقا، ئەمدى سەن شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە ۋە ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن» دېدى، ــ دېدى. \m \v 8 بۇنى ئاڭلاپ مانوئاھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئاھ رەببىم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويسۇن، دەپ ئىلتىجا قىلدى. \m \v 9 خۇدا مانوئاھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇغىنىدا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانوئاھ ئۇنىڭ قېشىدا يوق ئىدى. \v 10 ئاندىن ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر بېرىپ: ــ مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم ماڭا يەنە كۆرۈندى، دېۋىدى، \v 11 مانوئاھ دەرھال قوپۇپ ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن: ــ شۇنداق، مەندۇرمەن، دېدى. \m \v 12 مانوئاھ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەندە، بالا قايسى تەرىقىدە چوڭ قىلىنىشى كېرەك، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 13 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بۇ ئايالغا ئېيتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ھېزى بولۇپ ئۆزىنى تارتسۇن؛ \v 14 ئۇ ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھېچقانداق نەرسىدىن يېمىسۇن، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمىسۇن، ھېچ ناپاك نەرسىلەردىن يېمىسۇن؛ مەن ئۇنىڭغا بارلىق ئەمر قىلغىنىمنى تۇتسۇن، دېدى. \m \v 15 مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: ــ ئىلتىپات قىلىپ، كەتمەي تۇرسىلا، ئۆزلىرىگە بىر ئوغلاق تەييارلايلى، دېۋىدى، \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى). \m \v 17 ئاندىن مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدىن: ــ ئۆزلىرىنىڭ نام-شەرىپى نېمىدۇ؟ ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا، سىلىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەتتۇق، ــ دېدى. \m \v 18 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 13:18 \ft \+bd «نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر»\+bd* ــ مانوئاھ ئۆز دۇئاسىغا جاۋابەن كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى ئىنسان دەپ ئويلايدۇ. «كارامەت تىلسىمات» دېگەن مۇشۇ سۈپەت ئىبرانىي تىلىدا («پەلە») پەقەت خۇدانىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.\f* \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى. \v 20 شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. \m \v 21 شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. مانوئاھ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. \v 22 ئاندىن مانوئاھ ئايالىغا: ــ مانا، بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق! ــ دېدى.\x + \xo 13:22 \xt مىس. 33‏:20؛ قان. 5‏:26؛ ھاك. 6‏:22، 23\x* \m \v 23 لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى. \m \v 24 شۇ ئىشتىن كېيىن ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىدى.\f □ \fr 13:24 \ft \+bd «شىمشون»\+bd* ــ «قۇياشتەك (كۈچلۈك)» ياكى «روشەن، پارلىق ئادەم».\f*  \x + \xo 13:24 \xt ئىبر. 11‏:32\x* \m \v 25 زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھانەھ-داندا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.\f □ \fr 13:25 \ft \+bd «ماھانەھ-دان»\+bd* ــ ياكى «داننىڭ بارگاھى».\f* \b \b \m \c 14 \s1 شىمشوننىڭ فىلىستىي بىر قىزنى ئەمرىگە ئالماقچى بولۇشى \m \v 1 بىر ۋاقىتتا، شىمشون تىمناھقا چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىر قىزنى كۆردى؛ ئۇ فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرى ئىدى. \f □ \fr 14:1 \ft \+bd «تىمناھ»\+bd* ــ ياكى «تىمناتاھ».\f* \v 2 ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ: ــ مەن تىمناھدا فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرىنى كۆردۈم، ئۇنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. \m \v 3 بىراق ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بىر قىز چىقماسمۇ؟ نېمىشقا خەتنىسىز بولغان فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن خوتۇن ئالماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى؛ ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: ــ ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى، ــ دېدى.\f □ \fr 14:3 \ft \+bd «بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ پۈتكۈل قوۋمىم ئارىسىدىن...».\f* \m \v 4 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيلەر شۇ چاغدا ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پۇرسەت ياراتماقچى ئىدى.\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «...ياراتماقچى ئىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى مۇشۇ سۆز ئادەتتە «ئىزدىمەكچى ئىدى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، خۇدانىڭ روھى شىمشوننى تېزرەك فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىغىنى بىلەن، لېكىن ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ شۇ تۈرتكىسىگە تېخىچە ئېتىۋار قىلمايۋاتاتتى.\f* \m \v 5 ئەمدى شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھقا چۈشتى؛ ئۇلار تىمناھدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگەندە، مانا بىر ياش شىر ھۆركىرىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى. \v 6 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قولىدا ھېچنېمە بولمىغان ھالەتتە شىرنى تۇتۇپ، ئۇنى ئوغلاقنى يىرتقاندەك يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىدى. \f □ \fr 14:6 \ft \+bd «لېكىن \+bd*\+bdit شىمشون\+bdit* بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىدى» ــ شىمشون «نازارىي» بولغاچقا، ھېچقانداق ئۈزۈمدىن بولغان نەرسىنى يېمەسلىكى كېرەك ئىدى. شۇڭا شىمشون ئۈزۈمزارلىق بىلەن ماڭماي، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ماڭغان بولسا كېرەك. لېكىن ئاتا-ئانىسى «نازارىي» بولمىغاچقا ئۈزۈمزارلىقتىن ئۇدۇل ئۆتسە بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ شىرنى ئۆلتۈرگىنىنى بىلمىدى.\f* \v 7 ئاندىن ئۇ \add تىمناھقا\add* چۈشۈپ، ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ قىز شىمشونغا بەك ياراپ كەتتى. \m \v 8 بىرمەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتا بارغاندا، شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ يولدىن بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدە بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن ھەسەل تۇراتتى. \v 9 ئۇ ھەسەلدىن ئوچۇمىغا ئېلىپ يەپ ماڭدى؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇلارغىمۇ بەردى، ئۇلارمۇ يېدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەسەلنى شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئۇلارغا دېمىدى. \v 10 ئۇنىڭ ئاتىسى \add ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ\add* چۈشۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ يەردە شىمشون بىر زىياپەت بەردى، چۈنكى بۇرۇندىنلا توي قىلىدىغان يىگىتلەر شۇنداق قىلىدىغان رەسم-قائىدە بار ئىدى. \v 11 ئۇلار شىمشوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. \f □ \fr 14:11 \ft \+bd «...ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى»\+bd* ــ شىمشۇننىڭ تويىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا چاقىرغان بولسا كېرەك.\f* \v 12 شىمشون ئۇلارغا: ــ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي، ئەگەر سىلەر زىيارەت قىلىنىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىمەن؛ \v 13 ئەگەر ئۇنى يېشىپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەر ماڭا ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ماقۇل، ئۇنداق بولسا تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، قېنى ئاڭلايلى، ــ دېدى. \m \v 14 ئۇ ئۇلارغا: ــ يېيىلىدىغىنى يېگۈچىنىڭ ئىچىدىن چىقتى؛ تاتلىق كۈچتۈڭگۈرنىڭ ئىچىدىن چىقتى، \add بۇ نېمە\add*؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە بۇ تېپىشماقنى تاپالمىدى. \v 15 يەتتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سىيلاپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل قىلغىن؛ بولمىسا سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى يوقسۇل قىلىشقا بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! ــ دېدى.\f □ \fr 14:15 \ft \+bd «يەتتىنچى كۈنى...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «تۆتىنچى كۈنى...» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 16 شىمشوننىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: ــ سەن ماڭا ئۆچ، مېنى پەقەت سۆيمەيسەن؛ سەن مېنىڭ قوۋمىمنىڭ بالىلىرىدىن بىر تېپىشماقنى سورىدىڭ، ئەمما ماڭا مەنىسىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭ، دەپ يىغلىغىلى تۇردى. شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مانا، مەن ئۇنى ئاتا-ئانامغىمۇ دەپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا دەپ بېرەمدىم؟ ــ دېدى. \m \v 17 زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنىدە ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپلا يۈردى. شۇنداق بولدىكى، يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئايالى ئۇنى قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنىڭغا تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئايال بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئادەملىرىگە تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. \f □ \fr 14:17 \ft \+bd «زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنىدە ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپلا يۈردى»\+bd* ــ ياكى «زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنلۈك زىياپەتنىڭ قالغان ۋاقتىدا ئۇ ئۇنىڭغا (شىمشونغا) ئېشىلىۋېلىپ يىغلاپلا تۇردى».\f* \v 18 شۇنىڭ بىلەن يەتتىنچى كۈنى كۈن پاتماستا، شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەسەلدىنمۇ تاتلىقى بارمۇ؟ شىردىنمۇ كۈچتۈڭگۈرى بارمۇ؟ ــ دېدى. \m ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشمىقىمنى ھەرگىز تاپالمايتتىڭلار! ــ دېدى. \m \v 19 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ ئاشكېلونغا چۈشۈپ، ئاشكېلوندىكىلەردىن ئوتتۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئولجا ئېلىپ، ئولجىدىن ئىگىنلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگەنلەرگە بەردى. شۇنىڭدەك شىمشوننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.\f □ \fr 14:19 \ft \+bd «ئاشكېلون»\+bd* ــ فىلىستىيلەرنىڭ چوڭ بىر شەھىرى.\f* \m \v 20 ئاندىن شىمشوننىڭ ئايالى شىمشوننىڭ ھەمراھلىرىدىن قولداش بولغان يىگىتكە تەۋە قىلىندى.\f □ \fr 14:20 \ft \+bd «قولداش بولغان يىگىتكە...»\+bd* ــ ياكى «ئۆزىگە ئاغىنە قىلغان يىگىتكە».\f* \b \b \m \c 15 \s1 شىمشوننىڭ فىلىستىيلەر بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىشى \m \v 1 ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۇغداي ئورۇش مەزگىلى كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىمەن» دېدى. لېكىن ئايالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىچكىرىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. \v 2 قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئۆچ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىدىم؛ شۇڭا مەن ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چىرايلىققۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى ئالغان بولسىڭىز! ــ دېدى.\f □ \fr 15:2 \ft \+bd «...ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم»\+bd* ــ ياكى «ئۇنى سىنىڭ ئاغىنەڭگە بېرىۋەتكەنىدىم».\f* \m \v 3 ئەمما شىمشون ئۇلارغا: ــ ئەمدى مەن بۇ قېتىم فىلىستىيلەرگە زىيان يەتكۈزسەم، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ! ــ دېدى. \m \v 4 شۇنى دەپ شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز چىلبۆرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئوتقاشلارنى تەييارلاپ، چىلبۆرىلەرنى جۈپلەپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئىككى قۇيرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئوتقاشنى ئاستى؛ \f □ \fr 15:4 \ft \+bd «ئۈچ يۈز چىلبۆرە»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۈچ يۈز تۈلكە» دېيىلىدۇ. لېكىن چىلبۆرىلەر توپ بولۇپ يۈرگەچكە، ئازراق گۆشنى يەمچۈك قىلىش بىلەن ئۇلارنى تۇتىۋېلىش تۈلكىلەرنى تۇتۇۋېلىشتىن كۆپ ئاسان بولىدۇ.\f* \v 5 ئوتقاشلارغا ئوت يېقىپ چىلبۆرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئۆنچىلەرنى، ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى، شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. \f □ \fr 15:5 \ft \+bd «ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېتىزدىكى ئۆرە تۇرغان زىرائەتلىرى» ــ دېمەك، پىشاي دەپ قالغان زىرائەتلەر.\f* \v 6 فىلىستىيلەر بۇنى كۆرۈپ: بۇنى كىم قىلدى، ــ دەپ سورىسا، خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ تىمناھلىق ئادەمنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى؛ قېينئاتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر چىقىپ، ئۇ ئايال بىلەن ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. \m \v 7 شىمشون ئۇلارغا: ــ سىلەر شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەردىن ئىنتىقام ئالماي بولدى قىلمايمەن، ــ دېدى. \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇ بېرىپ ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىدە تۇردى.\f □ \fr 15:8 \ft \+bd «شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شىمشون ئۇلارنى يوتا ۋە پاچاقلىرىغا ئۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى».\f* \m \v 9 ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەر چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدا چېدىر تىكىپ، لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى. \f □ \fr 15:9 \ft \+bd «لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى»\+bd* ــ ياكى «لېھى دېگەن جايدا جەڭگە سەپ تۈزدى».\f* \v 10 يەھۇدالار بولسا: ــ نېمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىسىلەر؟ ــ دېۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىز شىمشوننى تۇتۇپ باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، دەپ چىقتۇق، ــ دېدى. \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا يۇرتىدىكى ئۈچ مىڭ كىشى ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىگە چۈشۈپ، شىمشونغا: ــ سەن فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەمسەن؟ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم، دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 12 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى. \m \v 13 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز؛ پەقەت سېنى چىڭ باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز؛ ھەرگىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنى دەپ ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلاپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ماڭدى. \v 14 ئۇ لېھىگە كەلگەندە، فىلىستىيلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلدى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، قوللىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ، تۈگۈچلەر قوللىرىدىن يېشىلىپ كەتتى. \v 15 ئاندىن ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ، قولىنى ئۇزىتىپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.\f □ \fr 15:15 \ft \+bd «ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ...»\+bd* ــ كونا سۆڭەك بولغان بولسا، چۈرۈكلىكىدىن ئاسانلا سۇنۇپ كەتكەن بولاتتى.\f* \m \v 16 شىمشون: ــ \m «ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، \m ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، \m ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى.\f □ \fr 15:16 \ft \+bd «ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىۋەتتىم». بۇ شېئىردىن قارىغاندا، شىمشون ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى.\f □ \fr 15:17 \ft \+bd «راموت-لېھى»\+bd* ــ «لېھىنىڭ ئېگىزلىكى».\f* \m \v 18 ئۇ ئىنتايىن ئۇسساپ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ سەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ قولى بىلەن بۇنچە چوڭ نۇسرەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭ، ئەمدى مەن ھازىر ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ ــ دېدى.\x + \xo 15:18 \xt 1سام. 17‏:26، 36؛ 2سام. 1‏:2\x* \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ \add بۇلاققا\add* «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار.\f □ \fr 15:19 \ft \+bd «ئەن-ھاققورە»\+bd* ــ «پەرياد كۆتۈرگۈچىنىڭ بۇلىقى».\f* \m \v 20 شىمشون فىلىستىيلەرنىڭ دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى.\f □ \fr 15:20 \ft \+bd «شىمشون .... يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى»\+bd* ــ شىمشوننىڭ ھاكىم بولغان ۋاقتى بەلكىم ئابىمەلەك ۋە يەفتاھنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلىرى بىلەن زامانداش بولسا كېرەك؛ ئۇ پەلەستىننىڭ غەربىدە، ئۇلار شەرق ۋە شىمالىدا ھۆكۈم سۈرەتتى.\f* \b \b \m \c 16 \s1 شىمشوننىڭ مەغلۇپ بولۇشى \m \v 1 ئاندىن شىمشون گازاغا باردى، ئۇ ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايالنى كۆرۈپ، كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلدى. \v 2 لېكىن گازالىقلار بىرسىنىڭ: ــ شىمشون بۇ يەرگە كەلدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، \add شەھەرنى\add* قورشاپ، كېچىچە شەھەرنىڭ قوۋۇقىدا ئۈن چىقارماي ماراپ تۇردى ۋە: ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، ــ دېيىشتى. \m \v 3 شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى؛ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى قانىتىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئىككى كېشىكى ۋە بالداق-تاقىقى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا قومۇرۇپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 16:3 \ft \+bd «ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغ»\+bd* ــ بەلكىم گازادىن 40 كىلومېتېر يىراقلىقتا ئىدى.\f* \m \v 4 كېيىن ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلىلاھ ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. \v 5 بۇنى بىلىپ فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى كولاپ سوراپ، بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، ــ دېدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ شىمشوندىن: ــ سەن كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا سېنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن! ــ دېدى. \m \v 7 شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا...»\+bd* ــ شىمشون نازارىي بولغاچقا، «يېڭى يا كىرىچلىرى» ئەسلىدە ئۆلۈك ھايۋاننىڭ جەسىتىدىن ئېلىنىدىغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن «ناپاك» ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ گېپى يالغان بولغىنى بىلەن، ھەقىقەتكە يېقىن ئىدى؛ ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ئۇنىڭ نازارىي بولغانلىقىدىن بولغان. ئۇنىڭ «يېڭى» (باشقىلار ئىشلەتمىگەن) دېيىشىنىڭ سەۋەبى «بىرسى مېنى شۇنداق يېڭى كىرىچلەر بىلەن باغلىسا، كىرىچلەرنىڭ مېنى ناپاك قىلىش تەسىرى ئازراق بولىدۇ» دەپ ئويلىغىنىدىن بولسا كېرەك.\f* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئايالغا بېرىۋىدى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن ئۇنى باغلاپ قويدى \v 9 (دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. \m ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى. \m \v 10 بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى.\f □ \fr 16:10 \ft \+bd «مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ....»\+bd* ــ روشەنكى، «پايلاپ ئولتۇرغۇچىلار» باغلاش ئۇسۇلىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ ئۆزلىرى يوشۇرۇنغان يەردىن چىقمىدى. شىمشون ئۆيدە دىلىلاھ بىلەن ئىككىمىزلا بار، دەپ ئويلايدۇ.\f* \m \v 11 ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ ئادەملەر مېنى ھېچ ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. \m \v 13 بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ سەن ھازىرغىچە مېنى ئالداپسەن، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن؛ ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دۇكاندىكى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ قويساڭلا بولىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 16:13 \ft \+bd «دۇكاندىكى ئۆرۈش يىپ بىلەن»\+bd* ــ ياكى «دۇكاندىكى تەگ يىپى بىلەن»، يەنى توقۇلمىلارنىڭ بويىغا تارتىلغان يىپى بىلەن.\f* \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن \add شىمشون ئۇخلىغاندا ئۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە تال چاچنى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ\add*، قوزۇققا باغلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆرۈش يىپ بىلەن قوزۇقنى بىراقلا تارتىپ يۇلىۋەتتى.\f □ \fr 16:14 \ft \+bd «شىمشون ئۇخلىغاندا ئۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە تال چاچنى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ...»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنى كونا گرېك نۇسخىسىدىن ئالدۇق.\f* \m \v 15 ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا: ــ ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ساڭا ئاشىق بولدۇم، دەيسەن؟ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئالداپ، كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ نەدىن بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ، ــ دېدى. \m \v 16 ئۇنىڭ ھەركۈنى سۆزلىرى بىلەن ئۇنى قىستاشلىرى ۋە يالۋۇرۇشلىرى بىلەن شىمشوننىڭ ئۆلگۈدەك ئىچى پۇشتى ۋە شۇنداق بولدىكى، \v 17 ئۇ كۆڭلىدىكى سىرىنى قويماي ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلىپ: ــ مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتىلىپ نازارىي بولغىنىم ئۈچۈن، بېشىمغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنىپ باقمىغان؛ ئەگەر مېنىڭ چېچىم چۈشۈرۈۋېتىلسە، كۈچۈم مەندىن كېتىپ، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. \m \v 18 دىلىلاھ ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى ھەممە سىرىنى دەپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى چارقىرىپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرۇپ: ــ «بۇ قېتىم سىلەر يەنە بىر چىقىڭلار، چۈنكى شىمشون كۆڭلىدىكى ھەممە سىرنى ماڭا ئاشكارا قىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى قوللىرىغا كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى. \m \v 19 ئاندىن دىلىلاھ ئۇنى ئۆز يوتىسىغا ياتقۇزۇپ، ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر ئادەمنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى چۈشۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ شىمشوننىڭ بوزەك قىلىنىشىنى باشلىغۇچى بولدى. شىمشون كۈچىدىن كەتكەنىدى. \v 20 ئۇ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېۋىدى، ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ: ــ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىمقىدەك، بوشىنىپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن كەتكىنىنى بىلمەيتتى. \v 21 شۇنىڭ بىلەن، فىلىستىيلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇپ، گازاغا ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىنداندا ئۇن تارتىشقا سالدى.\f □ \fr 16:21 \ft \+bd «ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىنداندا ئۇن تارتىشقا سالدى»\+bd* ــ ئۇن تارتىش ئادەتتە ئايال كىشىنىڭ ئىشى ئىدى.\f* \m \v 22 لېكىن بېشىدىكى چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى. \b \m \s1 شىمشوننىڭ شەرەپلىك ھالدا ئۆلۈشى ۋە دەپنە قىلىنىشى \m \v 23 كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگون ئۈچۈن چوڭ بىر قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە ھەم تەبرىكلەپ شادلىنىشقا يىغىلدى. چۈنكى ئۇلار: ــ مانا، ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېيىشتى. \m \v 24 خەلق شىمشوننى كۆرگەندە، ئۆز ئىلاھىنى داڭلاپ: ــ ئىلاھىمىز بولسا، يۇرتىمىزنى ۋەيران قىلغۇچىنى، ئادەملىرىمىزنى كۆپ ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەردى! ــ دېيىشتى. \m \v 25 ئۇلار تازا شاد-خۇراملىق كەيپىگە چۆمۈپ: ــ شىمشون كەلتۈرۈلسۇن، ئۇ بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن، دېيىشتى؛ ئۇلار شىمشوننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن كۆرسەتتى. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويغانىدى. \v 26 شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتكە: ــ مېنى قويۇۋەت، ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكلەرنى سىلاپ، ئۇلارغا يۆلىنىۋالغىلى قويغايسەن، ــ دېدى. \m \v 27 ئۇ چاغدا ئۆي ئەر-ئاياللار بىلەن لىق تولغانىدى، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇ يەردە ئىدى؛ ئۆگزىدىمۇ شىمشوننىڭ كۆرسىتىۋاتقان ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان تەخمىنەن ئۈچ مىڭچە ئەر-ئايال بار ئىدى. \m \v 28 شىمشون پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، مېنى ياد قىلىپ پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ماڭا كۈچ ئاتا قىلغايسەن؛ ئى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۆزۈمنىڭ ئىنتىقامىنى فىلىستىيلەردىن بىر يولىلا ئالغۇزغايسەن! ــ دېدى.\x + \xo 16:28 \xt ئىبر. 11‏:32\x* \m \v 29 شىمشون شۇلارنى دەپ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى؛ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ تۇردى. \m \v 30 ئاندىن: «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ \add ئىتتىرىۋىدى\add*، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى. \v 31 ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ بارلىق جەمەتى چۈشۈپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى مانوئاھنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولغانىدى. \b \b \m \c 17 \s1 ئىسرائىللارنىڭ بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرىشى \m \v 1 ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. \v 2 ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى.\f □ \fr 17:2 \ft \+bd «...تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ...»\+bd* ــ قارغاشنىڭ مەزمۇنى بەلكىم «بۇ پۇل بەرىكەتلىك بولمىسۇن، ئالغۇچى كىشىگە پالاكەت چۈشۈرسۇن» دېگەندەك بولسا كېرەك. \+bd «...ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «...ۋە مېنىڭ قۇلاقلىرىمغا سۆزلىدىڭ».\f* \m \v 3 مىكاھ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەردى. ئانىسى: ــ مەن ئەسلىدە بۇ پۇلنى سەن ئوغلۇمنى دەپ پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويما بۇت ۋە قۇيما بۇت ياساشقا ئاتىۋەتكەنىدىم؛ ئەمدى يەنىلا ساڭا بېرەي، دېدى. \m \v 4 لېكىن مىكاھ كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى؛ ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى؛ ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلدى. \f □ \fr 17:4 \ft \+bd «...ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى...»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزدىن قارىغاندا، ئاپىسى نىيىتىدىن يېنىپ، پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىدە قالدۇرغانىدى.\f* \v 5 مىكاھ دېگەن بۇ كىشى ئەسلىدە بىر بۇتخانا پەيدا قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بىر ئەفود بىلەن بىرنەچچە «تەرافىم»نى ياسىغانىدى؛ ئاندىن ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى.\f □ \fr 17:5 \ft \+bd «ئەفود»\+bd* ــ «ئەفود» توغرۇلۇق 27:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «ئەفود» ئەسلىدە باش كاھىن كىيىدىغان ئالاھىدە بىرخىل كىيىم ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق «مىس.» 5:28-30 ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. \+bd «تەرافىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «ئۆي بۇتلىرى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ بۇتلار قولدا كۆتۈرگۈدەك كىچىك بولۇپ، ئادەتتە كۈمۈشتىن ياسىلاتتى. قەدىمكى ۋاقىتلاردىكى بەزى بۇتپەرەس جەمئىيەتلەردە «تەرافىم»غا ئىگە بولغان ئادەم ئۆينىڭ بارلىق تەئەللۇقاتىنىڭ ئىگىسى، خوجايىنى دەپ ھېسابلىناتتى. \+bd «... ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى»\+bd* ــ پەقەت ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىلا كاھىن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.\f* \m \v 6 شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى.\f □ \fr 17:6 \ft \+bd «شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىسرائىلغا ئۆزى پادىشاھ تەيىنلەش مەقسىتىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 17:6 \xt ھاك. 18‏:1؛ 21‏:25\x* \b \m \s1 مىكاھنىڭ بىر لاۋىينى «كاھىن بولۇش»قا ياللىشى \m \v 7 يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى. \f □ \fr 17:7 \ft \+bd «يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەم»\+bd* ــ بەيت-لەھەم لاۋىيلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەردىن ئەمەس ئىدى. بۇ كىشىنىڭ شۇ يەرگە نېمىگە بارغىنى ئېنىق ئەمەس.\f* \v 8 بۇ يىگىت بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ، يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەم شەھىرىدىن چىقتى. ئۇ سەپەر قىلىپ، ئەفرائىم تاغلىقىغا، مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. \v 9 مىكاھ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ، دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مەن يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر لاۋىيمەن، بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ چىقتىم، ــ دېدى. \m \v 10 مىكاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن؛ مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر يۈرۈش ئېگىن ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭنى بېرەي، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي كىشى ئۇنىڭكىگە كىردى. \m \v 11 لاۋىي ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى؛ يىگىت شۇ كىشىگە ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. \v 12 ئاندىن مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى \add كاھىنلىققا\add* مەخسۇس تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن \add لاۋىي\add* يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.\f □ \fr 17:12 \ft \+bd «مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنىڭ قولىنى تولدۇردى». بۇ سۆز مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىقتۇر ــ (1) ئۇ مىكاھنىڭ قولىنى مەخسۇس كاھىنلىق ۋەزىپىسى بىلەن «تولدۇردى» ۋە (2) (ھەجۋىي جەھەتتىن) پۇل بىلەن تولدۇردى. \+bd «شۇنىڭ بىلەن لاۋىي يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى»\+bd* ــ پەقەت ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىلا كاھىن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى؛ باشقا لاۋىيلارنىڭ كاھىن بولۇش ھوقۇقى يوقتۇر، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 13 ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 17:13 \ft \+bd «بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي خۇراپىي بىر كۆزقاراش، ئەلۋەتتە. 18-بابتا سۆزلەرنىڭ خاتالىقى چىقىپ تۇرىدۇ.\f* \b \b \m \c 18 \s1 دان قەبىلىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مىراس جاينى تېپىشى \m \v 1 شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى. \f □ \fr 18:1 \ft \+bd «شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى»\+bd* ــ «يە.» 40:19-48دە بۇ ئىشلار بايان قىلىنىدۇ. شۇ ئايەتلەردىن قارىغاندا: «چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى» دېگەننىڭ مەنىسى «...تولۇق ئېرىشەلمىگەنىدى» دېگەندەك بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 18:1 \xt ھاك. 17‏:6؛ 21‏:25\x* \v 2 شۇنىڭ بىلەن دانلار پۈتكۈل جەمەتىدىن زورېئاھ ۋە ئەشتائولدا ئولتۇرۇشلۇق بەش پالۋاننى زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار سەپەر قىلىپ ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىغا كېلىپ مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە قوندى. \v 3 ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى كىم بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 18:3 \ft \+bd «لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ...»\+bd* ــ ياكى «لاۋىي يىگىتنىڭ تەلەپپۇزىنى تونۇپ...».\f* \m \v 4 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق-مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى. \m \v 5 بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمىكىمىز ئۈچۈن، خۇدادىن سوراپ بەرگىن، ــ دېدى. \m \v 6 كاھىن ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 18:6 \ft \+bd «ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر»\+bd* ــ دېمەك، يولۇڭلار خۇدانىڭ نەزىرىگە ياخشى كۆرۈنىدۇ.\f* \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش ئادەم چىقىپ، لائىش دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىنىنى، تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردى؛ شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى؛ ئۇلار زىدونىيلاردىن يىراقتا تۇراتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلىشمايتتى.\f □ \fr 18:7 \ft \+bd «تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى»\+bd* ــ مۇشۇ شەھەر بەلكىم زىدونىيلارنىڭ بىر مۇستەملىكىسى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. \+bd «شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى»\+bd* ــ ئەگەر لائىشتىكىلەردىن پايدىلىنىدىغان باشقا بىر يەرلىك ھاكىمىيەت بار بولسا، لائىشنى ئىگىلەش ئۈچۈن مۇشۇ ھاكىمىيەت بىلەنمۇ سوقۇشۇش كېرەك بولاتتى، ئەلۋەتتە. \fp شۇ سۆزنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىدە نومۇس ئىشلارنى ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ھاكىم يوق ئىدى».\f* \m \v 8 \add بەش پالۋان\add* زورېئاھ ۋە ئەشتائولغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: ــ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 9 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! چۈنكى بىز شۇ زېمىننى چارلاپ كەلدۇق، مانا، ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر يۇرت ئىكەن. ئەمدى نېمىشقا قىمىر قىلماي جىم ئولتۇرىسىلەر؟ ئەمدى دەرھال بېرىپ، ئۇ يۇرتنى ئېلىشقا ئەزمەڭلەرنى ئەزمەڭلار، بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ زېمىننى ئىگىلەڭلار. \v 10 ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقان بىر خەلقنى، ھەر ئەتراپىغا سوزۇلغان كەڭ-ئازادە بىر زېمىننى كۆرىسىلەر! خۇدا ئۇ يەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندۇر. ئۇ يۇرتتا يەر يۈزىدە تېپىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ھېچبىرى كەم ئەمەس، دېدى. \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن دانلارنىڭ جەمەتىدىن ئالتە يۈز ئادەم جەڭگە قوراللىنىپ، زورېئاھ ۋە ئەشتائولدىن چىقىپ ماڭدى. \v 12 ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى). \f □ \fr 18:12 \ft \+bd «داننىڭ لەشكەرگاھى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماھانەھ-دان». \+bd «ئارقا تەرىپى»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «غەرب تەرىپى».\f*  \x + \xo 18:12 \xt ھاك. 13‏:25\x* \v 13 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بېرىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. \m \v 14 لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا: ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى.\f □ \fr 18:14 \ft \+bd «تەرافىم بۇتلىرى»\+bd* ــ 5:17دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 15 ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى. \v 16 دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى. \v 17 ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم \add بۇتخانىغا\add* كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى. \v 18 بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى. \m \v 19 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 20 شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى. \v 21 ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك-تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى. \v 22 مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى. \v 23 ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا: ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ــ دېدى. \m \v 24 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى: «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى. \m \v 25 دانلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى. \m \v 26 بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى. \m \v 27 ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. \v 28 شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت-رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى. \v 29 ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى.\x + \xo 18:29 \xt يە. 19‏:47\x* \m \v 30 دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرشومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى. \f □ \fr 18:30 \ft \+bd «گەرسومنىڭ ئەۋلادى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گەرسومنىڭ ئوغلى».\f* \v 31 خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد \add داندا\add* تۇرغۇزۇلدى.\f □ \fr 18:31 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا»\+bd* ــ شىلوھ شەھىرى مۇقەددەس چېدىر تۇنجى تىكلەنگەن جاي ئىدى («يە.» 10:18، 51:19، «1سام.» 1:3نى كۆرۈڭ). سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنى يېرۇسالېمدا قۇرۇشتىن ئىلگىرى (قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى بىزكە نامەلۇم) شىلوھ ئىبادەت سورۇنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەي تاشلىۋېتىلگەنىدى («يەر.» 12:7نى كۆرۈڭ).\f* \c 19 \s1 ئەشەددىي بۇزۇقچىلىق \m \v 1 ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى. \x + \xo 19:1 \xt ھاك. 17‏:6؛ 18‏:1؛ 21‏:25\x* \v 2 لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى.\f □ \fr 19:2 \ft \+bd «لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ...»\+bd* ــ ياكى «لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىدىن يامانلاپ كېتىپ...».\f* \m \v 3 ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى. \v 4 ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ-ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى. \v 5 تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا: ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ-ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى. \m \v 7 بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى. \v 8 بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ \add ئاۋۋال\add* يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى. \m \v 9 ئاندىن بۇ كىشى كېنىزىكى ۋە خىزمەتكارىنى ئېلىپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ داداسى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كەچ كىرەي دەۋاتىدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ يەردە يەنە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ مانا، كۈن مەغرىققە ئېگىلىپتۇ، بۇ يەردە قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن؛ ئاندىن ئەتە سەھەردە يولغا چىقىپ، ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 19:9 \ft \+bd «ئاندىن ئەتە سەھەردە ... ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاندىن ئەتە سەھەردە ... چېدىرىڭلارغا كېتىڭلار».\f* \m \v 10 لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى. \v 11 ئۇلار يەبۇسقا يېقىن كەلگەندە كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاچقا، خىزمەتكارى غوجىسىغا: ــ يەبۇسىيلارنىڭ بۇ شەھىرىگە كىرىپ، شۇ يەردە قونايلى، دېدى. \m \v 12 لېكىن غوجىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز ئىسرائىللار تۇرمايدىغان، يات ئەللەر تۇرىدىغان شەھەرگە كىرمەيلى، بەلكى گىبېئاھقا ئۆتۈپ كېتەيلى، دېدى. \m \v 13 ئاندىن ئۇ يەنە خىزمەتكارىغا: ــ كەلگىن، بىز يېقىندىكى جايلاردىن بىرىگە بارايلى، گىبېئاھدا ياكى راماھدا قونايلى، دېدى. \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ، بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇرغانىدى. \v 15 ئۇلار گىبېئاھقا كىرىپ، ئۇ يەردە قونماقچى بولدى؛ شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى؛ لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى قوندۇرۇشقا ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. \m \v 16 ھالبۇكى، ئۇ كېچىسى قېرى بىر ئادەم ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېتىزلىقتىن يېنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئەفرائىم تاغلىق رايونىلىق ئادەم ئىدى، ئۇ گىبېئاھدا مۇساپىر بولۇپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى؛ لېكىن ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىنيامىنلاردىن ئىدى. \m \v 17 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بۇ يولۇچىنىڭ شەھەرنىڭ مەيدانىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 18 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بىز يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدىن ئەفرائىم تاغلىقىنىڭ چەت ياقىلىرىغا كېتىپ بارىمىز؛ مەن ئەسلى شۇ جايدىن بولۇپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە بارغانىدىم؛ ئىشلىرىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى؛ لېكىن بۇ يەردە ھېچ كىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. \f □ \fr 19:18 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى \+bd*\+bdit ، يەنى مۇقەددەس چېدىر\+bdit*» ــ شۇ چاغدا يېرۇسالېمدا ئەمەس، شىلوھدا ئىدى.\f* \v 19 بىزنىڭ ئېشەكلىرىمىزگە بېرىدىغان سامان ۋە بوغۇزىمىز بار، ئۆزۈم، دېدەكلىرى، شۇنداقلا كەمىنىلىرىڭ بىلەن بولغان يىگىتكىمۇ نان ۋە شارابلار بار، بىزگە ھېچ نېمە كەم ئەمەس، ــ دېدى. \m \v 20 بۇنى ئاڭلاپ قېرى كىشى: ــ تىنچ-ئامان بولغايسەن؛ سىلەرىڭ موھتاجلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن، ئەمما كوچىدا ياتماڭلار! ــ دەپ، \v 21 ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. مېھمانلار پۇتلىرىنى يۇيۇپ، يەپ-ئىچىپ غىزالاندى. \v 22 ئۇلار كۆڭلىدە خۇش بولۇپ تۇرغىنىدا، مانا، شەھەرنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچەيلەن، يەنى بىرقانچە لۈكچەك كېلىپ ئۆينى قورشىۋېلىپ، ئىشىكنى ئۇرۇپ-قېقىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان قېرى كىشىگە: ــ سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەن شۇ كىشىنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى.\f □ \fr 19:22 \ft \+bd «لۈكچەك»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) بالىلىرى». \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شەھەردىكى ئادەملەر، لۈكچەكلەر...»\f*  \x + \xo 19:22 \xt يار. 19‏:1-4؛ ھوش. 9‏:9؛ 10‏:9\x* \m \v 23 بۇنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ بولمايدۇ، ئەي بۇرادەرلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار؛ بۇ كىشى مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن، سىلەر بۇنداق ئىپلاسلىق قىلماڭلار. \v 24 مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار. مەن ئۇلارنى قېشىڭلارغا چىقىرىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى، نەزىرىڭلارغا نېمە خۇش ياقسا ئۇلارنى شۇنداق قىلىڭلار، لېكىن بۇ كىشىگە مۇشۇنداق ئىپلاسلىق ئىشنى قىلماڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 19:24 \ft \+bd «مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار... سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى...»\+bd* ــ شۇ قېرى ئادەم مېھماندوستلۇقنى ۋە مېھمانلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقنى شۇنچە «مۇقەددەس» دەپ قارىسىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان يۇقىرىقى گەپلىرىدىن شۇ چاغدىكى ئىسرائىللارنىڭ بۇزۇقچىلىق-ئەخلاقسىزلىقىنىڭ قانداق دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. مېھمانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى پىدا قىلسا بولاتتى؛ لېكىن ئۆز قىزىنى مۇشۇ رەزىللەرگە «ھەدىيە قىلىش»قا ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسىگە يىرگىنچلىك بولسا كېرەك.\f* \m \v 25 لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ يولۇچى كېنىزىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەچتىن ئەتىگەنگىچە ئاياغ ئاستى قىلدى؛ ئۇلار تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى. \m \v 26 چوكان تاڭ سەھەردە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غوجىسى قونغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە يىقىلىپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە يېتىپ قالدى. \v 27 ئەتىگەندە ئۇنىڭ غوجىسى قوپۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ تېشىغا چىقىۋىدى، مانا، ئۇنىڭ كېنىزىكى بولغان چوكان ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرى بوسۇغىنىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق ھالدا ياتاتتى. \v 28 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى. لېكىن چوكان ھېچبىر جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكاننى ئېشەككە ئارتىپ، قوزغىلىپ ئۆز ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى.\f □ \fr 19:28 \ft \+bd « \+bd*\+bdit لاۋىي كىشى\+bdit* ئۇنىڭغا: ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى» ــ بۇ چوكاننىڭ «غوجا»سىنىڭ تاش يۈرەكلىكى بىلەن شۇ يەرلىك لۈكچەكلەرنىڭ رەزىللىكىنىڭ پەرقى بارمۇ؟\f* \m \v 29 ئۆز ئۆيىگە كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ كېنىزىكىنىڭ جەسىتىنى سۆڭەكلىرى بويىچە ئون ئىككى پارچە قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل يۇرتىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئەۋەتتى. \m \v 30 شۇنداق بولدىكى، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى: «ئىسرائىل مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى» ــ دېيىشتى. \b \b \m \c 20 \s1 ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى چىقىپ، جامائەت داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ مىزپاھدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر ئادەمدەك بولدى. \f □ \fr 20:1 \ft \+bd «داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ، گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ...»\+bd* ــ دان شەھىرى (29:18دە كۆرسىتىلگەن) زېمىننىڭ شىمالىي چېتىدە؛ بەئەر-شېبا شەھىرى بولسا زېمىننىڭ جەنۇبىي چېتىدە؛ «گىلېئاد» بولسا زېمىننىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چەت قىسمى ئىدى. دېمەك (بىنيامىن خەلقىدىن باشقا)، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھقا يىغىلدى.\f* \v 2 پۈتكۈل قوۋمنىڭ چوڭلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى خۇدانىڭ خەلقىنىڭ جامائىتى ئارىسىدا ھازىر بولدى. جامائەت جەمئىي بولۇپ تۆت يۈز مىڭ قىلىچ تۇتقان پىيادە ئەسكەر ئىدى \v 3 (بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى). \m ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ: «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 20:3 \ft \+bd «... ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ: «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى»\+bd* ــ شۇ چاغدا بىنيامىنلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ نەق مەيداندا بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس. لاۋىي كىشى، شۈبھىسىزكى، كېنىزىكىنىڭ جەسىتىدىن بىر قىسمىنى ئۇلارغىمۇ ئەۋەتكەن (29:11). بۇ سوئال بىنيامىن ۋەكىللىرىگە قويۇلغان بولسا، «بۇ رەزىل ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىڭلار» دېگەندەك تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن 4-ئايەتتىن قارىغاندا سوئال لاۋىي كىشىگە قويۇلغان.\f* \m \v 4 ئۆلتۈرۈلگەن چوكاننىڭ ئېرى لاۋىي كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ئۆز كېنىزىكىمنى ئېلىپ، بىنيامىننىڭ گىبېئاھ شەھىرىگە قونغىلى بارغانىدىم؛ \v 5 گىبېئاھنىڭ ئادەملىرى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى، كېنىزىكىمنى بولسا ئۇلار ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. \f □ \fr 20:5 \ft \+bd «...مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى»\+bd* ــ ياكى «... مەن بار ئۆينى قورشىۋالدى».\f* \v 6 شۇنىڭ بىلەن مەن كېنىزىكىمنىڭ جەسىتىنى پارچە-پارچە قىلىپ، كىشىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان زېمىننىڭ ھەربىر يۇرتىغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە پاسىقلىق ۋە ئىپلاسلىق قىلدى. \v 7 مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار». \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ: ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن، \v 9 بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى: ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛ \v 10 بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق-تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى. \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاندى. \m \v 12 ئاندىن ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىننىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ: ــ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ رەزىللىك زادى نېمە ئىش؟ \v 13 ئەمدى گىبېئاھدىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، ئىسرائىلدىن رەزىللىكنى يوق قىلايلى، ــ دېدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى، \f □ \fr 20:13 \ft \+bd «لۈكچەكلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) بالىلىرى».\f*  \x + \xo 20:13 \xt ھاك. 19‏:22؛ ھوش. 9‏:9؛ 10‏:9\x* \v 14 بەلكى بىنيامىنلار ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن شەھەر-شەھەرلەردىن كېلىپ گىبېئاھدا يىغىلدى. \v 15 ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىنلاردىن شەھەر-شەھەرلەردىن تىزىملانغانلار يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچ تۇتقان ئەركەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىبېئاھدىن خىللانغان يەتتە يۈز ئەسكەر بار ئىدى. \v 16 بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى.\x + \xo 20:16 \xt ھاك. 3‏:15\x* \m \v 17 بىنيامىن قەبىلىسىدىن باشقا، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلىۋىدى، قىلىچ تۇتقانلار تۆت يۈز مىڭ ئەركەك چىقتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى. \m \v 18 ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ــ بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ بىنيامىنلار بىلەن سوقۇشسۇن، دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ يەھۇدا \add ئاۋۋال\add* چىقسۇن، دېدى.\f □ \fr 20:18 \ft \+bd «ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ... دەپ سورىۋىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىن قارىغاندا، خۇدانىڭ مۇقەددەس چېدىرى گەرچە شۇ يىللاردا شىلوھدا بولسىمۇ («يە.» 1:18، «ھاك.» 31:18، 12:21، «1سام.» 3:1نى كۆرۈڭ)، مەلۇم سەۋەبتىن (دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزلىرى تۈپەيلىدىن؟) بەيت-ئەلدە ۋاقىتلىق تۇرغۇزۇلغان ئوخشايدۇ (27-28ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەتىسى سەھەر قوپۇپ گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىرگاھ تىكتى. \v 20 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقىپ، گىبېئاھنىڭ يېنىدا راسلىنىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزدى. \v 21 شۇ كۈنى بىنيامىنلار گىبېئاھدىن چىقىپ، ئىسرائىلدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى. \m \v 22 لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى جاسارەتكە كېلىپ، ئاۋۋالقى كۈنى سەپ تۈزگەن جايدا ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپ تۈزدى. \v 23 \add سەپ تۈزۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى\add* ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەچ كىرگۈچە پەرياد قىلىپ يىغلاپ، پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىن نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقساق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، دېدى. \m \v 24 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئىككىنچى كۈنى بىنيامىنلارغا يېقىن كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. \v 25 بىنيامىنمۇ ئىككىنچى كۈنى گىبېئاھدىن چىقىپ ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئون سەككىز مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچ تۇتقانلاردىن ئىدى. \m \v 26 ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى پۈتۈن قوشۇن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ يىغلاپ، شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەچكىچە روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۆتكۈزدى. \v 27‏-28 شۇ كۈنلەردە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، ھارۇننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىننىڭ نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقامدۇق ياكى توختاپ قالامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى؛ پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى.\f □ \fr 20:27‏-28 \ft \+bd «ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ ... ــ دەپ سورىدى»\+bd* ــ شۇ چاغدا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگاردىن «يول سورىشى» شۈبھىسىزكى، باش كاھىن فىنىھاسنىڭ كاھىنلىق كىيىمىگە تاقالغان ئەفودتىكى «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ئارقىلىق ئىدى («مىس.» 28-بابنى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ). \fp ئىسرائىللارنىڭ تارتقان تالاپەتلىرى، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ پۈتكۈل قوۋمىنىڭ ئۈستىگە قويغان ئاگاھ-جازالىرى ئىدى. خۇدانىڭ يولىدىن چىققانلار پەقەت بىنيامىنلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 29 بۇنى ئاڭلاپ ئىسرائىل خەلقى گىبېئاھنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەرلەرنى پىستىرما قويدى؛ \x + \xo 20:29 \xt يە. 8‏:4\x* \v 30 ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ سەپ تۈزدى. \v 31 بىنيامىن \add ئىسرائىل\add* خەلقىگە قارشى جەڭگە چىقىۋىدى، خەلق ئۇلارنى شەھەردىن ئازدۇرۇپ چىقتى. ئۇلار بەيت-ئەلگە چىقىدىغان يول ۋە گىبېئاھقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە ھەم دالادا خەلقنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك ئۇرۇپ قىرغىلى تۇردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى. \v 32 بىنيامىنلار: ــ ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك مەغلۇپ بولدى، ــ دېيىشتى. ئەمما ئىسرائىل: ــ بىزلەر قېچىپ ئۇلارنى شەھەردىن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ، يوللارغا ئېلىپ چىقايلى، دەپ مەسلىھەتلىشىۋالغانىدى. \m \v 33 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆز جايىدىن قوپۇپ بائال-تامارغا بېرىپ سەپ تۈزدى، پىستىرمىدا تۇرغان ئىسرائىللارمۇ ئۆز جايىدىن، يەنى گېبادىكى چىمەندىن چىقىپ كەلدى. \f □ \fr 20:33 \ft \+bd «گېبادىكى»\+bd* ــ ياكى «گىبېئاھدىكى». «گىبېئاھ» ۋە «گېنا» (ئا) ئوخشاش بىر جاي بولۇشى مۇمكىن، ياكى (ئە) بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن ئىككى جاي بولۇشى مۇمكىن. \+bd «چىمەندىن چىقىپ كەلدى»\+bd* ــ ياكى «غەرب تەرەپتىن چىقىپ كەلدى».\f* \v 34 ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن سەرخىل ئون مىڭ كىشى گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، جەڭ قاتتىق بولدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە بالا يېقىنلاشقىنىنى بىلمەي قالدى. \m \v 35 پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچ تۇتقان ئادەمنى ئۆلتۈردى. \v 36 ئەمدى بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى. \m ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئەسلىدە گىبېئاھقا قويغان پىستىرمىدىكى كىشىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، ئالدىدا چېكىنگەنىدى. \v 37 ئۇ ۋاقىتتا پىستىرمىدىكىلەر تېزدىن ئاتلىنىپ گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ قىردى. \f □ \fr 20:37 \ft \+bd «گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ...»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «گىبېئاھغىچە باشلامچىلىق قىلىپ».\f* \v 38 ئىسرائىللار ئەسلىدە پىستىرمىدىكىلەر بىلەن ئالدىنئالا نىشان ئۈچۈن بەلگە بېكىتكەنىدى، يەنى شەھەرگە ئوت قۇيۇپ، قېلىن تۈتۈن تۈۋرۈكىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى بەلگە قىلىشقا كېلىشىۋالغانىدى. \v 39 شۇڭا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەندە، بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ: ــ مانا، ئىسرائىل ئاۋۋالقى جەڭدىكىدەك ئالدىمىزدا شەكسىز تارمار بولىدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 40 لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن تۈۋرۈك ئۆرلەپ چىققاندا، بىنيامىنلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا، پۈتكۈل شەھەر ئىس-تۈتەك بولۇپ ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. \v 41 شۇ ھامان ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ يېنىپ كەلدى، بىنيامىننىڭ ئادەملىرى بولسا: بىزگە بالا يېقىنلاشتى دەپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. \m \v 42 ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ چۆللۈككە ماڭىدىغان يول بىلەن قېچىپ كەتتى؛ لېكىن جەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى؛ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئادەملەر چىقىپ ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ھالاك قىلدى. \v 43 شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىنيامىنلارنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى. \f □ \fr 20:43 \ft \+bd «گېبا»\+bd* ــ ياكى «گىبېئاھ». ئەمما شۇ زېمىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارىغاندا ئۇ گېبا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. \+bd «...ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى نوھاھدىن قوغلاپ بېرىپ، گېباھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر يەردە چەيلەپ ئۆلتۈردى».\f* \v 44 بۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى. \v 45 باشقىلىرى بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىممون قورام تېشىغا باردى؛ ئەمما ئىسرائىللار يوللاردا خۇددى باشاق تەرگەندەك ئۇلاردىن بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گىدومغىچە قوغلاپ بېرىپ، يەنە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. \m \v 46 ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىگىرمە بەش مىڭ ئادەم ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلار بولۇپ، قىلىچ تۇتقانلار ئىدى. \m \v 47 ھالبۇكى، ئۇلاردىن پەقەت ئالتە يۈز ئادەم قالغانىدى، ئۇلار بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىمموندىكى تىك يارغا باردى. ئۇلار رىمموندىكى تىك ياردا تۆت ئاي تۇردى.\x + \xo 20:47 \xt ھاك. 21‏:13\x* \m \v 48 ئىسرائىللار يەنە بىنيامىنلارنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كېلىپ، ھەممە شەھەرلەردىكى ئادەملەرنى، چارپايلارنى ھەم ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋەتتى، شۇنداقلا ئوت قۇيۇپ، ئۇدۇل كەلگەن شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. \b \b \m \c 21 \s1 بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشتىن قۇتۇلۇشى \m \v 1 ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھدا قەسەم قىلىشىپ: ــ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن، ــ دېيىشكەنىدى. \v 2 شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بەيت-ئەلگە كېلىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە خۇدانىڭ ئالدىدا پەرياد كۆتۈرۈپ قاتتىق يىغلىشىپ: ــ \v 3 ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا نېمىشقا شۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ، نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن بىرى يوقاپ كەتسۇن؟ ــ دېيىشتى. \m \v 4 ئەتىسى خەلق سەھەر قوپۇپ، ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى. \v 5 ئىسرائىللار ئۆزئارا: ــ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن جامائەتكە قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلمىگەن كىملەر بار؟ ــ دەپ سوراشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىزپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ شەكسىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، دەپ قاتتىق قەسەم قىلىشقانىدى. \v 6 ئىسرائىل ئۆز قېرىندىشى بولغان بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلىپ: ــ مانا، ئەمدى ئىسرائىل ئارىسىدىن بىر قەبىلە ئۈزۈۋېتىلدى. \v 7 بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچقايسىمىز ئۆز قىزىمىزنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، ــ دەپ قەسەم قىلغانىدۇق؛ ئەمدى قانداق قىلساق ئۇلاردىن قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز ــ دېيىشتى. \m \v 8 ئۇلار يەنە ئۆزئارا: ــ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن قايسىسى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقمىدى؟ ــ دەپ سوراشتى. مانا، يابەش-گىلېئادلىقلاردىن ھېچقايسىسى چېدىرگاھقا، جامائەتكە قوشۇلۇشقا كەلمىگەنىدى. \v 9 چۈنكى خەلقنى ساناپ كۆرگەندە يابەش-گىلېئادنىڭ ئادەملىرىدىن ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. \v 10 شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئون ئىككى مىڭ پالۋاننى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ يابەش-گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلارنى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇپ-قىرىپ قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ \v 11 شۇنداق قىلىڭلاركى، بارلىق ئەركەكلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، دېدى.\x + \xo 21:11 \xt چۆل. 31‏:17\x* \m \v 12 ئۇلار شۇنداق قىلىپ يابەش-گىلېئادتىكى خەلقىنىڭ ئىچىدە تېخى ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغان تۆت يۈز قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ قانائان زېمىنىدىكى شىلوھقا، چېدىرگاھغا ئېلىپ كەلدى. \m \v 13 ئاندىن پۈتكۈل جامائەت رىمموندىكى تىك ياردىكى بىنيامىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تىنچلىق سالىمىنى جاكارلىدى. \x + \xo 21:13 \xt ھاك. 20‏:47\x* \v 14 شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى؛ ئىسرائىللار يابەش-گىلېئادتىكى ھايات قالغان قىزلارنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، لېكىن بۇلار ئۇلارغا يېتىشمىدى. \v 15 ۋە خەلق بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا كەمتۈك پەيدا قىلىپ قويغانىدى. \m \v 16 بۇ ۋاقىتتا جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ بىنيامىننىڭ قىز-ئاياللىرى يوقۇتىۋېتىلدى، ئەمدى بىز قانداق قىلساق قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز، ــ دېدى. \m \v 17 ئاندىن يەنە: ــ بىنيامىندىن قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسىغا مىراس ساقلىنىشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىمۇ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. \v 18 پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار: «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ــ دېيىشتى. \m \v 19 ئۇلار يەنە: ــ مانا، بەيت-ئەلنىڭ شىمال تەرىپىدىكى، بەيت-ئەلدىن شەكەمگە چىقىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدىكى، لىبوناھنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى شىلوھدا ھەر يىلى پەرۋەردىگارنىڭ بىر ھېيتى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. \v 20 ئاندىن ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا بۇيرۇپ: ــ سىلەر بېرىپ، \add شۇ يەردىكى\add* ئۈزۈمزارلىقلارغا يوشۇرۇنىۋېلىڭلار. \v 21 كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، قاچانىكى شىلوھدىكى قىزلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىققىنىنى كۆرسەڭلار، ئۈزۈمزارلىقلاردىن چىقىپ ھەربىرىڭلار شىلوھنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۆزۈڭلارغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىڭلار، ئاندىن بىنيامىننىڭ زېمىنىغا كېتىڭلار. \v 22 شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى يا ئاكا-ئۇكىلىرى كېلىپ بىزگە پەرياد كۆتۈرسە، بىز ئۇلارغا: «بىزگە يۈز-خاتىرە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بۇ قېتىم قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»، دەيمىز، ــ دېدى.\f □ \fr 21:22 \ft \+bd «جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق»\+bd* ــ ئەسلىدە بىنيامىنلاردىن ئالتە يۈز كىشى ئايالسىز قالغانىدى. ئىسرائىللار يابەش-گىلېئادلار بىلەن جەڭ قىلىپ قىزدىن تۆت يۈزنى تاپقانىدى، لېكىن يەنىلا ئىككى يۈز ئادەم ئايالسىز قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار «جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق» دەيدۇ. \+bd «سىلەر ... قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ ئەزلىدىكى «ھېچكىم بىنيامىنلارغا ئۆز قىزىنى بەرمىسۇن» دېگەن قەسىمى بىلەن، «سىلەر شىلوھتىكىلەر قىزلىرىڭلارنى بىنيامىنلارغا ئىختىيارەن ياتلىق قىلغان بولساڭلار، گۇناھكار بولاتتىڭلار. ھازىر بولسا، قىزلىرىڭلار بۇلاپ كېتىلدى، شۇئا سىلەر گۇناھكار ھېسابلانمايسىلەر» دېگەندەك مەنتىقىدە بولغان.\f* \m \v 23 بىنيامىنلار شۇنداق قىلىپ سانى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىزلاردىن ئۆزلىرىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىپ، ئۆز مىراس زېمىنىغا قايتىپ بېرىپ، شەھەرلەرنى يەنە ياساپ ئۇ يەردە تۇردى. \m \v 24 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە جەمەتىگە يېنىپ باردى، ئاندىن ھەربىرى ئۆز مىراس زېمىنىغا كەتتى. \m \v 25 شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى.\f □ \fr 21:25 \ft \+bd «...ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى»\+bd* ــ 6:17 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:25 \xt ھاك. 17‏:6؛ 18‏:1؛ 19‏:1\x*