\id JAS \h ياقۇپ \toc1 ياقۇپ \toc2 ياقۇپ \toc3 ياق. \mt1 ياقۇپ \c 1 \s1 «روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ» \m \v 1 خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام!\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپ...»\+bd* ــ ياقۇپ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئۆزىنى «روسۇل» دەپ ئاتىمايدۇ. لېكىن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە كۆرسىتىمىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر روسۇل، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇشبۇ خېتىنى «روسۇللۇق ھوقۇق» بىلەن يېزىلغان، دەپ ئىشىنىمىز. خەت يەھۇدىي بولغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان، ئەلۋەتتە. «تارقاق مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلە» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp «قۇل» دېگەن ئۇقۇم توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:1 \xt روس. 8‏:1؛ 1پېت. 1‏:1. \x* \b \m \s1 ئېتىقاد ۋە سىناق \m \v 2 ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار.\x + \xo 1:2 \xt مات. 5‏:11؛ رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:6. \x* \v 3 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛\x + \xo 1:3 \xt رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:7. \x* \v 4 سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر. \v 5 بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.\x + \xo 1:5 \xt پەند. 2‏:3؛ يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ يـۇھ. 16‏:24؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. \x* \m \v 6 بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. \v 7 ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛ \v 8 ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر. \b \m \s1 نامراتلىق ۋە بايلىق \m \v 9‏-10 نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ. \f □ \fr 1:9‏-10 \ft \+bd «نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن»\+bd* ــ «ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكى» ــ دېمەك، بىرسى مەسىھكە ئېتىقاد باغلىسىلا، مەيلى قانچىلىك نامرات بولسۇن خۇداغا يېقىن بولغان ئالىيجاناب، ئىنتايىن ئىمتىيازلىق ئورۇن ھەم مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. \+bd «باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ باي ئادەم ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېتىقاد باغلىغىنىدا ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى خۇدا ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس دەپ بىلىپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. «باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس» («مات.» 24:19).\f* \v 11 قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ.\x + \xo 1:11 \xt يەش. 40‏:6، 7؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17. \x* \b \m \s1 سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش \m \v 12 سىناقلارغا \add سەۋرچانلىق بىلەن\add* بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، \add خۇدا\add* ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «خۇدا» پەقەت «ئۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:12 \xt ئايۇپ 5‏:17؛ مات. 10‏:22؛ 19‏:28، 29؛ 2تىم. 4‏:8؛ 1پېت. 5‏:4؛ ۋەھ. 2‏:10. \x* \v 13 ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. \v 14 بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛ \v 15 ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. \m \v 16 شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! \v 17 بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى \add ئاسماندىكى\add* \add بارلىق\add* يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ. \f □ \fr 1:17 \ft \+bd «بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى (ئاسماندىكى) (بارلىق) يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ»\+bd* ــ «پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسى» دېگەنلىك ئىبارە بەلكىم ھەم خۇدانىڭ بارلىق قۇياش-يۇلتۇزلارنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەرنىڭ دائىم يۇلتۇزلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 7:38، «زەب.» 4:147نى كۆرۈڭ). \fp (1) خۇدا ھەردائىم بىزدىن يۇقىرىدا تۇرىدۇ؛ (2) خۇدا ھەردائىم بىزگە ھەم جىسمانىي ھەم روھىي يورۇقلۇق بېرىدۇ؛ (3) قۇياش ئايلىنىشى ياكى قايرىلىشى بىلەن كۆلەڭگە ھاسىل قىلىدۇ. ئەممە خۇدادا كۆلەڭگە ياكى قاراڭغۇلۇق دېگەن مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۇ ھېچ «ئايلانماي»، ھېچ ئۆزگەرمەي ھەردائىم چۈشتىكى قۇياشتەك دەل ئۈستىمىزدە تۇرۇپ كۈچلۈك نۇرىنى ۋە ئىلتىپاتلىرىنى (17-ئايەت) ئۈستىمىزگە سېخىيلىق بىلەن چاچىدۇ.\f*  \x + \xo 1:17 \xt پەند. 2‏:6؛ يەش. 14‏:27؛ 46‏:10؛ مال. 3‏:6؛ رىم. 11‏:29؛ 1كور. 4‏:7. \x* \v 18 ئۇ بىزنى \add ئۆزى ياراتقان بارلىق\add* مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «ئۇ بىزنى ئۆزى ياراتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ،...»\+bd* ــ «دەسلەپ پىشقان مېۋە»، ئەڭ بۇرۇن ئېلىنغان ھوسۇل بولسا، خۇداغا ئالاھىتەن ئاتىلاتتى. دېمەك، پۈتكۈل كائىنات خۇداغا بويسۇنىدۇ ۋە تەۋە بولىدۇ؛ لېكىن كائىناتنىڭ ئىچىدە مەسىھگە ئېتىقاد باغلىغۇچىلار «دەسلەپ پىشقان مېۋە» سۈپىتىدە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا بېقىنىپ تەۋە بولۇپ، «ھەقىقىي، روھىي» سەجدە قىلىدۇ. \+bd «... ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ بۇ «تۇغدۇرۇش»ى جىسمانىي ھايات ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھىدىن تۇغدۇرغانلىقىنى، يەنى روھىي ھاياتقا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا تۇغدۇرۇپ ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «دەسلەپ پىشقان مېۋىسى» ياكى «تۇنجى ھوسۇل مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى («يار.» 3:49، «چۆل.» 3:18، «قان.» 1:18-4، «2تار.» 5:31نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:18 \xt 1كور. 4‏:15؛ گال. 4‏:19؛ 1پېت. 1‏:23. \x* \b \m \s1 ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. \x + \xo 1:19 \xt پەند. 17‏:27؛ توپ. 5‏:1. \x* \v 20 چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى»: (1) خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچىمى؛ (2) خۇدا ئالدىدا ئادىل ياكى ھەققانىي بولغان ئىشلار؛ (3) خۇدا ئىنساننىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان ھەققانىيلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى» (3)نى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئۆزى ئاتا قىلغان ھەققانىيلىقى بولمىسا، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەرقانداق باشقا ئادىللىق ياكى ھەققانىيلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.\f* \v 21 شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، \add قەلبىڭلاردا\add* يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «...سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار»\+bd* ــ «سىلەرنى» گرېك تىلىدا «جېنىڭلارنى».\f*  \x + \xo 1:21 \xt رىم. 13‏:12؛ كول. 3‏:8. \x* \m \v 22 ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. \x + \xo 1:22 \xt مات. 7‏:21؛ لۇقا 11‏:28؛ رىم. 2‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:7. \x* \v 23‏-24 چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. \f □ \fr 1:23‏-24 \ft \+bd «چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ»\+bd* ــ بۇ ئادەمنىڭ «\+bd ئەينى\+bd* قىياپىتىگە قاراش»ى بەلكىم ئۆزىگە يۈزىدە داغ-نۇقسان بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك ــ دېمەك، خۇدانىڭ سۆزىگە قارىسا ئۆز گۇناھىنى كۆرىدۇ؛ لېكىن كۆڭلىنى تېزلا باشقا ئىشقا بۆلۈشى بىلەن گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ.\f*  \x + \xo 1:23‏-24 \xt لۇقا 6‏:47. \x* \v 25 لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ.\f □ \fr 1:25 \ft \+bd «ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ...»\+bd* ــ «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:25 \xt مات. 5‏:19. \x* \m \v 26 بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. \x + \xo 1:26 \xt زەب. 34‏:13؛ ياق. 3‏:6؛ 1پېت. 3‏:10. \x* \v 27 خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر.\f □ \fr 1:27 \ft \+bd «خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ،... »\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ «يوقلاش» دېگەن پېئىلنىڭ ئۆزى غەمخورلۇق قىلىش، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنى مۇشۇ يەردە ھەم «يوقلاش» ھەم «غەمخورلۇق قىلىش» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f* \b \b \m \c 2 \s1 ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش \m \v 1 قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ»\+bd* ــ «شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان» گرېك تىلىدا «ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۆزى بولغان» ياكى «(خۇدانىڭ) ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئۆزى بولغان». شان-شەرەپنىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا بولساق، باي-نامراتلىق دېگەندەك پەرقلەرنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولۇپ كېتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:1 \xt لاۋ. 19‏:15؛ قان. 16‏:19؛ پەند. 24‏:23؛ مات. 22‏:16. \x* \v 2 چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە،\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «... سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە،...»\+bd* ــ «تەبىرلەر»دىكى «سىناگوگ» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭلار. مۇشۇ يەردە ئېتىقادچى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ مەخسۇس يىغىلىش ئىبادەت سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار،\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، ...»\+bd* ــ «ئاياغ تەرىپىمدە» گرېك تىلىدا «تەختىپەرىم تۈۋىدە» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 4 ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟! \m \v 5 قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ــ خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟\x + \xo 2:5 \xt مىس. 20‏:6؛ 1سام. 2‏:30؛ پەند. 8‏:17؛ مات. 5‏:3؛ يـۇھ. 7‏:48؛ 1كور. 1‏:26-29. \x* \v 6 بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار! بايلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوت-سوراقلارغا سۆرىگەن ئەمەسمۇ؟ \v 7 ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ \add بايلار\add* ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نام»: ــ ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد باغلىغان بولسا، خۇدا ئالدىدا مەسىھ ئەيسانىڭ نامى شۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بولىدۇ. دېمەك، ئۇ مەسىھگە مەنسۇپ، خۇدا ئۇ كىشىنى «مېنىڭكى»، «مەسىھنىڭ ئادىمى» دەپ ئۆز نامىنى مۇشۇ كىشىنىڭ «ئۈستىگە قويۇش»تىن باش تارتمايدۇ. تەۋرات، «2تار.» 14:7، «ئام.» 12-11:9، «يەش.» 19:63، «يەر.» 9:14، 16:15، «دان.» 19:9، «روس.» 17:15نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 8 مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار...»\+bd* ــ «شاھانە قانۇن» دېگەن بۇ ئىنتايىن قىزىق ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:8 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9. \x* \v 9 لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئىش ئايانكى، يەھۇدىي قېرىنداشلار تەۋرات قانۇنىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ شۇ بىلىمدىن تەكەببۇرلىشىپ كېتىش خەۋپى باردۇر. لېكىن روسۇل ياقۇپ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلاي دېسەڭ، ئەمدى ئىنسانغا بولغان مۇئامىلىمىگە قارىتىلغان ئەمرلەر ئىچىدە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمر ئەڭ قاتتىق تەلەپتۇر، «ئىككى خىل كۆز بىلەن قاراش» شۇ ئەمرىگە خىلاپ. \fp پەقەت «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن قانۇن»نى، يەنى «يېڭى ئەھدە»نى (25:1، 12:2-ئايەتلەر) ئۆزىنىڭكى قىلغان كىشى شۇ ئەمرگە ئەمەل قىلالايدۇ؛ \+bd ئاشۇ\+bd* قانۇندا (يېڭى ئەھدە، دېمەك) تەكەببۇرلىشىش دېگەن ئىش قەتئىي يوقتۇر.\f* \v 10 چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، \add ھەتتا\add* ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ بايان بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە ھەيران قالارلىق ئىش بولىدۇ. «گال.» 10:3دە مۇنداق دېيىلىدۇ ــ «لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ»». چۈنكى خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئادىل، مۇقەددەس تەلىپى ئىنسانلارنىڭ تولۇق پاك-مۇقەددەس بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىشىدا «٪100»تىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. شۇڭا، خۇدا بىزنى ئاۋۋال قۇتقۇزمىسا ئۇنى ھېچ خۇرسەن قىلالمايمىز.\f*  \x + \xo 2:10 \xt قان. 27‏:26؛ مات. 5‏:19؛ گال. 3‏:10. \x* \v 11 چۈنكى: «زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا \add پۈتۈن\add* تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەر بولىسىلەر. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd ««زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن...»\+bd* ــ ««زىنا قىلما» دېگۈچى» خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:11 \xt مىس. 20‏:14،13؛ قان. 5‏:17،18؛ مات. 5‏:27. \x* \v 12 شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن. \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن»\+bd* ــ 25:1نى كۆرۈڭ. «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» ــ گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە.\f* \v 13 چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ»\+bd* ــ ««رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ». تەۋرات دەۋرىدە «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دېگەن قانۇن ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ ئادىللىق، ئەلۋەتتە. بىراق تەۋراتتىكى ئادىل قانۇن بويىچە ھەممىمىز دوزاخقا چۈشىشىمىز كېرەك! ئەمدى ئىنجىل دەۋرى كەلدى، ئەيسا مەسىھ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى؛ خۇدا شۇنىڭ بىلەن بىزگە رەھىمدىللىق كۆرسىتىش يولىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن «رەھىمدىللىق» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ۋە بىز خۇداغا ئەگىشىپ باشقىلارغا رەھىم كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:13 \xt مات. 6‏:15؛ 18‏:35؛ مار. 11‏:25؛ لۇقا 16‏:25. \x* \b \m \s1 ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت \m \v 14 ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما \add ئۇنىڭدا\add* \add مۇناسىپ\add* ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ \add بۇنداق\add* ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟ \x + \xo 2:14 \xt مات. 7‏:26؛ ياق. 1‏:23. \x* \v 15‏-16 ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «\add خۇداغا\add* ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ \x + \xo 2:15‏-16 \xt لۇقا 3‏:11؛ 1يۇھ. 3‏:17. \x* \v 17 شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، \add ئۇنىڭغا\add* \add مۇناسىپ\add* ئەمەللىرى بولمىسا، \add بۇنداق ئېتىقاد\add* ئۆلۈك ئېتىقادتۇر. \v 18 لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ \add تالىشىدۇ\add*. لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!»، «مەن ئېتىقادىمنى ئەمەللەر بىلەن كۆرسىتىمەن» دەيمەن. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ تالىشىدۇ»\+bd* ــ «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دېگۈچى بەلكىم «بەزىلەردە ئېتىقاد بار، بەزىلەردە ئەمەللەر بار. ئىككىلىسى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەندەك مەنىنى كۆتسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 18-ئايەتتىكى قالغان سۆزلەر ۋە 19-22-ئايەتلەر بەلكىم ياقۇپنىڭ بۇنىڭغا بولغان رەددىيە جاۋابى بولالايدۇ. \+bd «لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!» ... دەيمەن»\+bd* ــ بۇ سۆز ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەمنىڭ ئەمەللىرى ياكى ھەرىكەتلىرى بولمىسا ئۇنىڭدا نېمە ئېتىقاد، نېمە پوزىتسىيە ياكى نېمە پىكىر بار بولغانلىقىنى بىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!\f* \v 19 ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ! \f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ!»\+bd* ــ ياقۇپنىڭ بۇ گېپى ئىنتايىن كىنايىلىك گەپتۇر. ھەتتا جىن-شەيتانلارنىڭ «ئېتىقادى»دىن ئەمەل-ھەرىكەتلەر چىقىدۇ (ئۇلار دىر-دىر تىترەيدۇ!). جىن-شەيتانلار خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ «بىر بولغانلىقى»غا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدۇ (تايانمايدۇ)، ئەلۋەتتە.\f* \v 20 ئەي، قۇرۇق خىيال ئادەم! ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكى...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئېتىقاد ئىكەنلىكى...» دېيىلىدۇ. \+bd «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ »\+bd* ــ «قاچانمۇ بىلەرسەن؟» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇنىڭغا ئىسپات خالامسەن؟».\f* \v 21 ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق ھەققانىي دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 2:21 \ft \+bd «ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا...»\+bd* ــ «ئاتىمىز ئىبراھىم» ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەجدادى ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.\f*  \x + \xo 2:21 \xt يار. 22‏:10. \x* \v 22 ئەمدى شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇناسىپ ئەمەللەرنى قىلدى ۋە ئېتىقادى ئەمەللەر ئارقىلىق مۇكەممەل قىلىندى. \v 23 مانا بۇ ئىش \add تەۋراتتىكى\add*: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى. \f □ \fr 2:23 \ft \+bd «مانا بۇ ئىش تەۋراتتىكى: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى»\+bd* ــ تەۋرات، «يار.» 6:15 ۋە «2تار.» 7:20، «يەش.» 2:51، «دان.» 35:3نى (LXX) ۋە «يەش.» 8:41نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:23 \xt يار. 15‏:6؛ رىم. 4‏:3؛ گال. 3‏:6. \x* \v 24 بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ.\f □ \fr 2:24 \ft \+bd «بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ»\+bd* ــ روسۇل پاۋلۇس «ئىنسانلار ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ» دەيدۇ (مەسىلەن، «رىم.» 28:3، «گال.» 16:2، 24:3نى كۆرۈڭ). روسۇل ياقۇپنىڭ سۆزى پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ھېچ زىت ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئېتىقادىغا مۇناسىپ ئىش-ھەرىكىتى ياكى ئەمەللىرى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقاد ھەقىقىي ئېتىقاد ھېسابلانمايدۇ، بەلكى «ئۆلۈك ئېتىقاد» (17:2، 20، 26) ھېسابلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ.\f* \m \v 25 مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، پاھىشە ئايال راھاب \add ئىسرائىل\add* چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟ \f □ \fr 2:25 \ft \+bd «... پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟»\+bd* ــ بۇ ۋەقە «يەشۇئا» 2-بابتا خاتىرىلەنگەن. «ئىبر.» 31:11نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:25 \xt يە. 2‏:1؛ 6‏:23؛ ئىبر. 11‏:31. \x* \v 26 تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. \b \b \m \c 3 \s1 تىلنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك \m \v 1 قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز \add تەلىم بەرگۈچىلەر\add* باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز.\x + \xo 3:1 \xt مات. 7‏:1؛ 23‏:8؛ لۇقا 6‏:37. \x* \v 2 چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. \add ھالبۇكى\add*، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ.\x + \xo 3:2 \xt زەب. 34‏:13؛ ياق. 1‏:26. \x* \v 3 مانا، بىز ئاتلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەنلىرىنى \add خالىغان تەرەپكە\add* بۇرىيالايمىز. \v 4 مانا، كېمىلەرگىمۇ قاراڭلار؛ شۇنچىلىك يوغان بولسىمۇ، يەنە كېلىپ دەھشەتلىك شاماللار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ھەيدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن رولچى قەيەرگە ئۇلارنى ھەيدەي دېسە، ئۇ كىچىككىنە بىر رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدۇ. \v 5 شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل \add تېنىمىزنىڭ\add* كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار!\x + \xo 3:5 \xt پەند. 12‏:18؛ 15‏:2. \x* \v 6 تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «... ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!»\+bd* ــ «پۈتكۈل تەبىئەت» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بارلىق ئىنسانىي دۇنيا».\f* \v 7 چۈنكى ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ھەم دېڭىزدىكى مەخلۇقلار ئىنسانىيەت تەرىپىدىن كۆندۈرۈلمەكتە ھەمدە كۆندۈرۈلگەنىدى. \v 8 ئەمما تىلنى ھېچكىم كۆندۈرەلمەيدۇ؛ ئۇ تىنىمسىز رەزىل بىر نەرسە بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە تولغاندۇر. \v 9 بىز تىلىمىز بىلەن پەرۋەردىگار ئاتىمىزغا شانۇ-تەشەككۈر قايتۇرىمىز، ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنى قارغايمىز. \v 10 دېمەك، ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ھەم تەشەككۈر-مۇبارەك ھەم لەنەت-قارغاش چىقىدۇ. ئى قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! \v 11 بىر بۇلاق ئوخشاش بىر كۆزدىن بىرلا ۋاقىتتا تاتلىق ھەم قىرتاق سۇ چىقىرامدۇ؟ \v 12 ئى قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ياكى ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بېرەلەمدۇ؟ ھەم تۇزلۇق \add بۇلاق\add* تاتلىق سۇنىمۇ چىقىرالمايدۇ. \b \m \s1 ئەرشتىن كەلگەن ھەقىقىي دانالىق \m \v 13 ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن! \x + \xo 3:13 \xt ئ‍ەف. 5‏:8. \x* \v 14 لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار. \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار»\+bd* ــ «ماختانماڭلار» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بولسا: ««مەندە دانالىق بار» دېمەڭلار».\f*  \x + \xo 3:14 \xt رىم. 13‏:13. \x* \v 15 بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇنداق «دانالىق» يۇقىرىدىن ئەمەس». \+bd «بەلكى دۇنياغا ... خاس بولۇپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەر-زېمىنغا ... خاس بولۇپ» دېيىلىدۇ. \+bd «بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر»\+bd* ــ «دۇنيا» ياكى «بۇ دۇنيا» بولسا، تەۋرات-ئىنجىل بويىچە، خۇداغا قارشى چىققان، شەيتان تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان پۈتكۈل بىر سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ (4-بابنى كۆرۈڭ). «ئىنسان تەبىيىتىگە خاس» گرېك تىلىدا «جانلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردىكى گرېك تىلىدىكى «جان» ئىنسان شەخسىنىڭ ئۈچ قىسمى (روھ، جان، تەن)نىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇداغا تايانمىغاچقا، گۇناھكار ئىسنانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «جېنىدىن چىققان» ئەقىل-پاراسەتلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرى خۇدانىڭ روھىدىن چىققان بولمىغاچقا، ھەرگىز خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايدۇ («رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:15 \xt 1كور. 2‏:6، 7. \x* \v 16 چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. \x + \xo 3:16 \xt 1كور. 3‏:3؛ گال. 5‏:20. \x* \v 17 لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر. \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «لېكىن يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق بولسا...».\f* \v 18 ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ»\+bd* ــ «ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى» دېگەنلىك ئادەمنىڭ ھاياتىدا پەيدا بولغان ياكى ئۆسىدىغان ھەققانىيلىقنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 4 \s1 بۇ دۇنيانى دوست تۇتماسلىق \m \v 1 ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟\x + \xo 4:1 \xt رىم. 7‏:23؛ 1پېت. 2‏:11. \x* \v 2 سىلەر ئارزۇ-ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر. \v 3 تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر. \x + \xo 4:3 \xt مات. 20‏:22؛ رىم. 8‏:26. \x* \v 4 ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «زىناخورلار» شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە ياكى بەلكىم ئەينى مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. كۆچمە مەنىدە «خۇداغا ۋاپاسىزلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز باشقا ئىشلار (پۇل، بايلىق ھوقۇق، مەنسەپ، ھەرخىل ھەۋەسلەر)نى خۇدانىڭ ئورنىغا قويغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقىي بۇتپەرەسلىكتۇر، بۇ خۇدا ئالدىدا زىناخورلۇققا ئوخشاش بولىدۇ.\f*  \x + \xo 4:4 \xt يـۇھ. 15‏:9؛ گال. 1‏:10؛ 1يۇھ. 2‏:15. \x* \v 5 مۇقەددەس يازمىلاردا: «\add خۇدا\add* قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «خۇدا قەلبىمىزدە ماكان قىلدۇرغان روھ...»\+bd* ــ ئۆز مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. گرېك تىلىدا «ئۇ قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ...». \+bd «مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئۆزى تەۋراتتىن بىۋاسىتە تېپىلمايدۇ، بەلكىم روسۇل ياقۇپنىڭ تەۋراتتىكى كۆپ ئايەتلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلگىنى بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان (مۇقەددەس) روھ بىزنىڭ خۇداغىلا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدۇ».\f*  \x + \xo 4:5 \xt چۆل. 11‏:29. \x* \v 6 لېكىن \add خۇدا\add* بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «لېكىن خۇدا بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم «بۇ يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز، نەپس-تاماخورلۇقىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. \+bd «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ»\+bd* ــ «پەند.» 34:3.\f*  \x + \xo 4:6 \xt پەند. 3‏:34؛ 1پېت. 5‏:5. \x* \m \v 7 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ \add شۇنداق قىلساڭلار\add* ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ.\x + \xo 4:7 \xt ئ‍ەف. 4‏:27؛ 1پېت. 5‏:9. \x* \v 8 خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، \add گۇناھتىن\add* قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار»\+bd* ــ بۇ «ئۈجمە كۆڭۈللەر» بەلكىم خۇدا بىلەن ۋە بۇ دۇنيا بىلەن تەڭ دوست بولايلى دېگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 9 \add گۇناھلىرىڭلارغا\add* قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. \x + \xo 4:9 \xt مات. 5‏:4. \x* \v 10 رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.\x + \xo 4:10 \xt ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ 18‏:14؛ 1پېت. 5‏:6. \x* \b \m \s1 قېرىنداشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىق \m \v 11 ئى قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن \add توغرا-ناتوغرا دەپ\add* ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى \add ئۇنىڭ ئۈستىدىن\add* ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن. \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ...»\+bd* ــ «تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ... بولىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە روسۇل ياقۇپنىڭ كۆزدە تۇتقان «تەۋرات قانۇنى» بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۇنىڭدىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن ئەمر بولۇشى كېرەك. بۇ سۆزلەر بەزىدە «تەۋرات قانۇنىنىڭ جەۋھىرى» دېيىلىدۇ. \+bd «شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن توغرا-ناتوغرا دەپ ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن»\+bd* ــ ئىنساننىڭ بەختلىك نېسىۋىسى خۇدانىڭ سۆزى ئۈستىدىن («توغرا، ناتوغرا!» دەپ) ھۆكۈم چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىمان بىلەن قوبۇل قىلىپ ئىتائەت قىلىشتا تېپىلىدۇ، ئەلۋەتتە!\f* \v 12 قۇتقۇزۇشقا ۋە ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان، قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت بىردۇر! شۇنداق ئىكەن، سەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇدەك زادى كىمسەن؟ \b \m \s1 ئۆزۈڭنى خۇدا دېمە! \m \v 13 ھەي، «بۈگۈن ياكى ئەتە پالانى-پۈكۈنى شەھەرگە بارىمىز، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ پايدا تاپىمىز» دېگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! \x + \xo 4:13 \xt لۇقا 12‏:18. \x* \v 14 ئەي ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ھاياتىڭلار نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd «ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس»\+bd* ــ «بىر پارچە تۇمان» ياكى «بىر پارچە ئىس-تۈتەك».\f*  \x + \xo 4:14 \xt يەش. 40‏:6؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 1‏:10؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17. \x* \v 15 بۇنىڭ ئورنىغا، «رەب بۇيرۇسا، ھايات بولساق، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دېيىشىڭلار كېرەك. \x + \xo 4:15 \xt روس. 18‏:21؛ 1كور. 4‏:19؛ ئىبر. 6‏:3. \x* \v 16 لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر. \v 17 شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.\x + \xo 4:17 \xt لۇقا 12‏:47. \x* \b \b \m \c 5 \s1 بايلارنى ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 1 ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار.\x + \xo 5:1 \xt پەند. 11‏:28؛ ئام. 6‏:1؛ لۇقا 6‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. \x* \v 2 بايلىقىڭلار چىرىپ كەتتى، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كەتتى، \v 3 ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى، بۇ دات \add قىيامەتتە\add* ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ، گۆشۈڭلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەندەك يەۋېتىدۇ. سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى!\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى»\+bd* ــ روسۇل ياقۇپ بۇ ئايەتلەردە بايلارنىڭ بېشىغا كەلگۈسىدە چۈشىدىغان جازانى ئاللىقاچان يۈز بەرگەندەك تەرزدە كۆرسىتىدۇ. \+bd «سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى!»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «چۈنكى سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر!». قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرى «ئاخىرقى كۈنلەردە» توپلانغان بولۇپ، ئۇلار بۇلاردىن ئانچە ئۇزۇن ھۇزۇر ئالالمايدۇ.\f*  \x + \xo 5:3 \xt مات. 6‏:19؛ رىم. 2‏:5. \x* \v 4 مانا، ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەپ ھوسۇل يىغقانلارغا خىيانەت قىلىپ ئىش ھەقلىرىنى بەرمەي كەلدىڭلار. بۇ تۇتۇۋېلىنغان ھەق ئۈستۈڭلاردىن پەرياد كۆتۈرمەكتە، شۇنىڭدەك ئورمىچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.\x + \xo 5:4 \xt لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14. \x* \v 5 سىلەر بۇ دۇنيادا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىسىلەر. \add قويلار\add* بوغۇزلاش كۈنىگە تەييارلانغاندەك، سىلەرمۇ بوغۇزلىنىش كۈنىگە ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر. \f □ \fr 5:5 \ft \+bd «سىلەر بۇ دۇنيادا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىسىلەر»\+bd* ــ «بۇ دۇنيادا» گرېك تىلىدا «يەر يۈزىدە». دېمەك، بېھىشتە ئۇنداق راھەتلىك ھاياتتىن بەھرىمەن بولمايسىلەر. \+bd «قويلار بوغۇزلاش كۈنىگە تەييارلانغاندەك، سىلەرمۇ بوغۇزلىنىش كۈنىگە ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر»\+bd* ــ «ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر» گرېك تىلىدا «يۈرەكلىرىڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر». بۇ ئۈچ بىسلىق سۆز بولۇپ: (1) ئۆزۈڭلار ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزدۇڭلار؛ (2) كۆڭلۈڭلارنى تاش قىلدىڭلار (مەسىلەن، «يەش.» 6:10 ۋە 17:63نى كۆرۈڭ)؛ (3) (كىنايىلىك مەنىدە) «بوغۇزلاش كۈنى» (قىيامەت كۈنى)گە ئۆزۈڭلارنى «بورداپ» ياخشى تەييارلىدىڭلار».\f*  \x + \xo 5:5 \xt ئايۇپ 21‏:13؛ لۇقا 16‏:25،19. \x* \m \v 6 سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ»\+bd* ــ «ھەققانىي بولغۇچى» (1) مەسىھنى ياكى (2) ھەققانىي ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ھەققانىي ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى گرېك تىلىدا «ئۆلتۈرۈش» دېگەن پېئىل كۆپ قېتىملىق ئۆلتۈرۈشلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمدى نېمىشقا «ھەققانىي بولغۇچىلار» ئەمەس، بەلكى «ھەققانىي بولغۇچى» دەيدۇ؟ بىزنىڭچە روسۇل ياقۇپ مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىر بولغانلىقىنى تەكىتلەشنى خالايدۇ («پەند.» 31:14، 5:17 ۋە «روس.» 4:9نى كۆرۈڭ). روسۇل ياقۇپ شۇ چاغلاردا «ھەققانىي ياقۇپ» دەپ ئاتىلاتتى ۋە كېيىن يېرۇسالېمدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى (مىلادىيە 60-يىللاردا). \fp «ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن بايان بەلكىم خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاجىز-ئانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.\f* \b \m \s1 سەۋر-تاقەت ۋە دۇئا \m \v 7‏-8 شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى.\f □ \fr 5:7‏-8 \ft \+bd «دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ»\+bd* ــ «دەسلەپكى يامغۇرلار» ئىسرائىلدا 10- ياكى 11-ئايدا يېغىپ، يەرنى يۇمشاق قىلىپ ھەيدەشكە تەييارلايدۇ، ئاندىن چېچىلغان ئۇرۇقلارنى ئۈندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. «كېيىنكى يامغۇرلار» بولسا 3- ياكى -4ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ. \+bd «... سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى»\+bd* ــ بۇ 7-8-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \m \v 9 قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلار سوراققا تارتىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ مانا، سوراق قىلغۇچى ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ. \v 10 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. \v 11 بىز مانا مۇشۇنداق \add سەۋر-تاقەت بىلەن\add* بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى، شۇنداقلا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»لىقىنى كۆرگەنسىلەر.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى... كۆرگەنسىلەر»\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنى» دېمەك، خۇدانىڭ ئاخىرىدا ئايۇپنىڭ ھاياتىنى قانداق بەرىكەتلەپ، ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «مىس.» 6:34، «نەھ.» 17:9، «زەب.» 15:86، 13:102، «يو.» 13:2دە خىلمۇخىل شەكىلدە كۆرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:11 \xt چۆل. 14‏:18؛ ئايۇپ 1‏:21، 22؛ 42‏:10-17؛ زەب. 103‏:8-9؛ مات. 5‏:11. \x* \m \v 12 ئەمدى ئى قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار ــ نە ئاسمان نە زېمىن نە ھېچقانداق باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار، بەلكى «بولىدۇ» دېسەڭلار ھەقىقىي «بولىدۇ» بولسۇن، «ياق» دېسەڭلار ھەقىقىي «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، \add خۇدانىڭ\add* جازاسىغا چۈشمەيسىلەر.\x + \xo 5:12 \xt مات. 5‏:34؛ 2كور. 1‏:17، 18. \x* \b \m \s1 دۇئا توغرۇلۇق \m \v 13 ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. \f □ \fr 5:13 \ft \+bd «ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم جامائەتنىڭ ئىبادەت سورۇنلىرىدىكى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، جامائەت سورۇنلىرىدا قېرىنداشلارنىڭ ھەم يىغلاش ھەم خۇشال بولۇش ئەركىنلىكى بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ سۆزلەر قېرىنداشلار يالغۇز قالغاندا ئوخشاشلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە! \fp كېيىن ئۇ ئاغرىق قېرىنداشنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ.\f*  \x + \xo 5:13 \xt ئ‍ەف. 5‏:19؛ كول. 3‏:16. \x* \v 14 ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ \add بېشىغا\add* ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ بېشىغا ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن»\+bd* ــ «مەسىھ قىلىش» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»دىكى ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە ماي ھېچقانداق دورىنىڭ رولىدا ئەمەس، بەلكى ئاقساقاللارنىڭ قوللىرىنى بىمارنىڭ بېشىغا تەگكۈزۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ بىمار بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەمدە ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھنىڭ كېسەلنى ساقايتىش قۇدرىتىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن بولىدۇ.\f*  \x + \xo 5:14 \xt مار. 6‏:13. \x* \v 15 شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. \v 16 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. \v 17 ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى. ئۇ يامغۇر ياغمىسۇن دەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى؛ نەتىجىدە، زېمىنغا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ھېچ يامغۇر ياغمىدى. \f □ \fr 5:17 \ft \+bd «ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى»\+bd* ــ «ئىنسانىي تەبىئەتلىك» دېگەن ئىبارە مۇشۇ يەردە ئادەمنىڭ ھېسسىيات، خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:17 \xt 1پاد. 17‏:1؛ لۇقا 4‏:25. \x* \v 18 ئاندىن ئۇ يەنە دۇئا قىلدى ۋە يامغۇر قايتا ياغدى، يەرمۇ ھوسۇل-مېۋىسىنى يەنە بەردى.\x + \xo 5:18 \xt 1پاد. 18‏:45. \x* \m \v 19 قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا بىرسى ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولسا، ۋە يەنە بىرسى ئۇنى \add ھەقىقەتكە\add* قايتۇرسا، \x + \xo 5:19 \xt مات. 18‏:15؛ گال. 6‏:1-2\x* \v 20 مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.\f □ \fr 5:20 \ft \+bd «مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قۇيۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ»\+bd* ــ «ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش» دېگەن ئىبارە «مەڭگۈلۈك ئۆلۈم» (دوزاخ) ياكى بۇ دۇنيادىن كېتىشىنى كۆرسىتەمدۇ؟ بىزنىڭچە روسۇل بۇ گۇناھكارنىڭ «\+bd جېنىنىڭ\+bd* قۇتۇلۇشى»نى تەكىتلىگەچكە، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمنى كۆرسەتسە كېرەك. \fp ئەگەر «ئۆلۈم» بۇ دۇنيادىن كېتىش بولسا «1يۇھ.» 16:5-17دە ياكى «روس.» 5-بابتا خاتىرىلەنگەندەك خۇدانىڭ ئېغىر گۇناھقا پاتقان ئېتىقادچىلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدىغان جازاسىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلۇشى» ــ بەلكىم (1) بۇ گۇناھكار كىشىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى ۋە (2) ئۇ كىشىنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئۇياتقا قالماسلىقىنى ۋە (3) ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ باشقىلارنىمۇ گۇناھقا پۇتلاشتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 5:20 \xt پەند. 10‏:12؛ 30:11؛ 1پېت. 4‏:8. \x*