\id ISA \h يەشايا \toc1 يەشايا \toc2 يەشايا \toc3 يەش. \mt1 يەشايا \c 1 \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان «دەۋا»سى ھەم چاقىرىقى \m \v 1 ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ \m \v 2 «ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! \m ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال! \m چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: ــ \m «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، \m بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار!»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئۈچ ئاسمان بار. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. \+bd «چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى...»\+bd* ــ مۇشۇ كىتابتا ئېلىنغان «پەرۋەردىگار» بولسا، ئىبرانىي تىلىدىكى «ياھۋەھ» دېگەننىڭ تەرجىمىسىدۇر. «ياھۋەھ» خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، «مەڭگۈلۈك بولغۇچى»، «ئۆزۈم باردۇرمەن»، «ئەھدىسىدە مەڭگۈ تۇرغۇچى خۇدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تەبىرلەرنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:2 \xt قان. 32‏:1\x* \m \v 3 كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، \m ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا \add ماڭىدىغان يولنى\add* بىلىدۇ، \m بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، \m ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس. \m \v 4 ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، \m قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، \m رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، \m نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! \m ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، \m «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، \m ئۇلار كەينىگە ياندى.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»...»\+bd* ــ بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. خۇداغا نىسبەتەن ئىسرائىل بۇتپەرەس بىر «يات ئەل» بولۇپ كەتكەنىدى. \+bd «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»\+bd* ــ خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر. بۇ ئىسىم بەلكىم، «ئۆزىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن خۇدا ۋە ئىسرائىل ئارىسىدا پاك-مۇقەددەس تۇرغۇچى خۇدا» دېگەن مەنىدە. يەشايا پەيغەمبەر خۇدانى تىلغا ئالغاندا، بۇ ئىسىمنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:4 \xt زەب. 78‏:8؛ يەش. 57‏:3\x* \m \v 5 نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ \m نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ \m پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، \m يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى،\x + \xo 1:5 \xt 2تار. 28‏:22؛ يەر. 2‏:30\x* \m \v 6 بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، \m پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، \m ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارغا ھېچ زەيتۇن مېيى سۈرۈلمىگەن».\f* \m \v 7 ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ \m شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ \m يەر-زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ \m ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى.\x + \xo 1:7 \xt قان. 28‏:51،52؛ يەش. 5‏:5\x* \m \v 8 ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، \m تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، \m مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، \m زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك...»\+bd* ــ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ ئۇ ناھايىتى قىل ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى، ئىنتايىن مۇقىمسىز ئەھۋالدا قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرسە كېرەك. \+bd «زىئون»\+bd* ــ ياكى «زىئون تېغى» بولسا يېرۇسالېم شەھىرى، شۇنىڭدەك مۇقەددەس ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغدۇر.\f* \m \v 9 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، \m بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، \m گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار»\+bd* ــ «يەشايا» كىتابىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خۇدانىڭ بىر نامى. \+bd «پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا...»\+bd* ــ «قالدى» (خۇدانىڭ «قالدىسى») «يەشايا» دېگەن كىتابتا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ياكى ماۋزۇدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھامان ئۆزىگە سادىق بىر «قالدى» بولىدۇ. \+bd «سودوم شەھەرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررانىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق»\+bd* ــ كونا زامانلاردا، (ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە) بۇ ئىككى شەھەر خۇدانىڭ نەزىرىدە ناھايىتى رەزىل بولۇپ، ئۇ ئاسماندىن ئوت-گۈڭگۈرتنى ياغدۇرۇپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان. ئىككى شەھەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق ئىزلىرى قالمىدى («يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ). \fp يەشايانىڭ دېمەكچى بولغىنى، خۇدا ئۆزىگە سادىق بىر «قالدىسى» قالدۇرمىغان بولسا، ئىسرائىلمۇ بۇ ئىككى شەھەرگە ئوخشاش رەزىللىك بىلەن تولۇپ، ئوخشاشلا پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.\f*  \x + \xo 1:9 \xt يار. 19‏:24؛ يەش. 17‏:6؛ 24‏:6؛ 30‏:17؛ رىم. 9‏:29\x* \m \v 10 ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، \m «ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار!\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى،... ئى گوموررانىڭ خەلقى، ...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە، يەشايا پەيغەمبەر ئۆز خەلقىنى سودوم ھەم گوموررادىكىلەرگە بىۋاسىتە ئوخشىتىدۇ.\f* \m \v 11 سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، \m بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، \m بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»\+bd* ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلەتتى.\f*  \x + \xo 1:11 \xt زەب. 50‏:8-14؛ پەند. 15‏:8؛ 21‏:27؛ يەش. 66‏:3؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:22\x* \m \v 12 سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، \m سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟ \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟»\+bd* ــ «دەسسەپ-چەيلەش» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە بەلكىم خەلق ئېلىپ كىرگەن نۇرغۇنلىغان قۇربانلىق ماللىرىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى دەسسىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دەپسەندە قىلىش».\f* \m \v 13 بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، \m خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. \m «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، \m جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ \m قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «ئاشلىق ھەدىيە»لەر\+bd* ــ «ئاشلىق ھەدىيە» ئادەتتە «كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار» ھەم غا قوشۇلاتتى. \+bd «خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇنغا ئاساسەن، ھەر كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇشبۇي يېقىش كېرەك ئىدى. \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ بولسا شەنبە كۈنى بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن «مۇقەددەس كۈن»دۇر، بۇ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماي خۇداغا سېغىنىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان كۈن ئىدى. يەھۇدىيلار بۇ كۈننى «شابات كۈنى»، يەنى «(خىزمەتتىن) دەم ئېلىش كۈنى» دەيدۇ. يەنە 56-باب، 2-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 «يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ \m ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ \m ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم. \m \v 15 قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، \m كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ \m بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ \m چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.\x + \xo 1:15 \xt پەند. 1‏:28\x* \m \v 16 ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ \m قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، \m رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛\x + \xo 1:16 \xt زەب. 34‏:13-14؛ 37‏:27؛ ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9\x* \m \v 17 ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ \m ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، \m زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، \m يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، \m تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «ئېزىلگۈچىلەرگە يار-يۆلەك بولۇڭلار».\f* \m \v 18 ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، \m يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ \m ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، \m يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.\f □ \fr 1:18 \ft \+bd «سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ»\+bd* ــ بۇ «قىزىل قۇرۇت» يەھۇدىيلار بۇ قۇرۇتنى بوياق ياساش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.\f*  \x + \xo 1:18 \xt زەب. 51‏:7-10\x* \m \v 19 ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار، \m زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛ \m \v 20 بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار، \m قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر» \m ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن. \b \m \v 21 سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ \m ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، \m ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، \m بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟»\+bd* ــ يەشايا پەيغەمبەر يېرۇسالېم شەھىرىنى ئەسلىدە خۇداغا سادىق بىر ئايالغا ئوخشاش شەھەر ئىدى، بىراق ھازىر بىر پاھىشە ئايالغا ئايلاندى دەپ ئوخشىتىدۇ.\f* \m \v 22 كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، \m شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛\x + \xo 1:22 \xt ئ‍ەز. 22‏:18،19؛ ھوش. 4‏:18\x* \m \v 23 ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، \m ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ \m ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، \m سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ \m ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ \m تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ.\f □ \fr 1:23 \ft \+bd «سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سوغا-سالاملارنى قوغلاپ يۈرمەكتە...».\f*  \x + \xo 1:23 \xt يەر. 5‏:28؛ زەك. 7‏:10\x* \m \v 24 شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ \m يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ \m مەن كۈشەندىلىرىمنى \add جازالاپ\add* پۇخادىن چىقىمەن، \m دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛\f □ \fr 1:24 \ft \+bd «ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى...»\+bd* ــ خۇدانىڭ يەنە بىر نامىدۇر. بۇ نام بەلكىم، «ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا، ئىسرائىلدا تۇرغان ناھايىتى قۇدرەتلىك، قادىر خۇدا» دېگەن مەنىدە. يەشايا پەيغەمبەر خۇدانى تىلغا ئالغاندا، بۇ نامنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.\f* \m \v 25 قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ، \m سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، \m سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن.\x + \xo 1:25 \xt يەر. 6‏:29؛ مال. 3‏:3\x* \m \v 26 ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، \m مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. \m كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن. \m \v 27 ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن، \m ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ. \f □ \fr 1:27 \ft \+bd «ئۇنىڭغا (زىئونغا) قايتىپ كەلگەنلەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «قايتىپ كېلىش» بەلكىم ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى، كەلگۈسىدە «توۋا قىلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلار»؛ ئىككىنچىسى، «يىراق يۇرتتىكى قۇللۇقتىن، سۈرگۈن بولۇشىدىن (يەنى خۇدانىڭ جازالىق تەربىيىسىدىن) چىقىپ زىئونغا قايتىپ كەلگەنلەر». \+bd «قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىش»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم «بەدەل تۆلەپ، قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ ھۆر قىلىش»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 28 بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، \m پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ.\x + \xo 1:28 \xt ئايۇپ 31‏:3؛ زەب. 1‏:6؛ 5‏:5؛ 73‏:27؛ 92‏:9؛ 104‏:35\x* \m \v 29 شۇ چاغدا سىلەر تەشنا بولغان دۇب دەرەخلىرىدىن نومۇس قىلىسىلەر، \m تاللىغان باغلاردىن خىجىل بولىسىلەر.\f □ \fr 1:29 \ft \+bd «دۇب دەرەخلىرى ... باغلار...»\+bd* ــ مۇشۇ «دۇب دەرەخلىرى» ۋە «باغلار» شۈبھىسىزكى، شۇ دەۋردىكى بۇتپەرەسلىككە ئالاھىدە ئاتالغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ. بىلىشىمىزچە مۇشۇ خىل بۇتپەرەسلىك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.\f* \m \v 30 چۈنكى ئۆزۈڭلار خۇددى يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇب دەرىخىدەك، \m سۇسىز قۇرۇق بىر باغدەك بولىسىلەر. \m \v 31 شۇ كۈنى كۈچى بارلار ئوتقا شام پىلىكى، \m ئۇلارنىڭ ئەجرى بولسا، ئۇچقۇن بولىدۇ؛ \m بۇلار ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆيۈپ كېتىدۇ، \m ئۇلارنى ئۆچۈرۈشكە ھېچكىم چىقمايدۇ. \f □ \fr 1:31 \ft \+bd «ئوتقا شام پىلىكى»\+bd* ــ ياكى «ئوتقا تەرمەچ».\f* \b \b \m \c 2 \s1 ئاخىرقى زامانلاردىكى يېرۇسالېم \m \v 1 بۇلار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا كۆرگەن كالامدۇر: ــ \m \v 2 ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، \m ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «ئاخىر زامانلاردا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا». \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ»\+bd* ــ تەۋرات ھەم زەبۇردىكى «ئەللەر» دېگەن سۆز ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. «يەشايا» دېگەن كىتابتا «ئەللەر»، «تائىپىلەر»، «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 2:2 \xt مىك. 4‏:1\x* \m \v 3 نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ \m «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، \m ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ \m ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، \m بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. \m ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، \m پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ.\x + \xo 2:3 \xt زەب. 110‏:2\x* \m \v 4 ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، \m نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ \m بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، \m نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ \m بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، \m ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇشنى ئۆگەنمەيدۇ.\x + \xo 2:4 \xt يو. 3‏:10؛ مىك. 4‏:3\x* \m \v 5 ــ «ئى ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر، \m كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى!». \b \m \s1 ھازىرقى يېرۇسالېم \m \v 6 ــ سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپ جەمەتىنى تاشلاپ قويدۇڭ؛ \m چۈنكى ئۇلار شەرقتىكى خۇراپاتلار بىلەن تولدۇرۇلدى؛ \m ئۇلار فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ؛ \m ئۇلار چەتئەللىكلەر بىلەن قول تۇتۇشىدۇ؛\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «ئۇلار (ئىسرائىللار) فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە يەشايا كىنايىلىك سۆز ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنىڭ خۇراپىيلىقنى ھەر تەرەپتىن، يەنى شەرقتىن ھەم غەربتىن (فىلىستىيلەردىن) قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 7 زېمىنى بولسا ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى؛ \m بايلىقلىرى تۈگىمەس؛ \m يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى، \m جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس؛\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى... بايلىقلىرى تۈگىمەس... يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس»\+bd* ــ مۇشۇ 6-8-ئايەتتە، يەشايا ئۇلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇن ــ تەۋراتتىكى «قانۇن شەرھى» 17-18-بابلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇشۇ ئىشلار تەۋراتتىكى شۇ پەرمانلارغا خىلاپ.\f* \m \v 8 زېمىنى بۇتلار بىلەنمۇ لىق بولۇپ كەتتى؛ \m ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغانلىرىغا، \m بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە سەجدە قىلىشىدۇ. \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، \m مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ؛ \m سەن ئۇلارنىڭ قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «...پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ... تۆۋەن قىلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ پېئىلنىڭ ئىككىسى ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا باش ئۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە كەلگۈسىدە ئۇلار شۈبھىسىزكى ئوخشاشلا خۇدانىڭ غەزىپى ئالدىدا يەرگە يىقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «... قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئىككى ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلنىدۇ.\f* \b \m \s1 «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» \m \v 10 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن، \m ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، \m \add خادا\add* تاشلار ئىچىگە كىرىۋال، \m توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال! \m \v 11 چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ، \m ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛ \m شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. \x + \xo 2:11 \xt يەش. 5‏:15\x* \m \v 12 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: ــ \m شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، \m ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ \m (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)،\x + \xo 2:12 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13\x* \m \v 13 شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئېگىز، پەلەككە يېتىدىغان بارلىق كېدىر دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، \m باشاندىكى بارلىق دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، \m \v 14 ئېگىز تاغلارنىڭ ھەممىسىگە، \m يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بارلىق دۆڭلەرنىڭ ئۈستىگە، \m \v 15 ھەربىر ھەيۋەتلىك مۇنارنىڭ ئۈستىگە، \m ھەربىر مۇستەھكەم سېپىلنىڭ ئۈستىگە، \m \v 16 تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە، \m شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى چۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە،...»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا دېڭىز سودىسى بىلەن داڭقى چىققان «تارشىش» دەيدىغان ئۈچ يۇرت بار ئىدى. بىرسى شىمالىي ئافرىقىدا، بىرسى ئىسپانىيەدە، يەنە بىرسى ئەنگلىيەدە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. تارشىشتىكى كېمىلەر بارلىق باشقا ئەللەرنىڭ كېمىلىرىدىن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى. \+bd «شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە...»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شۇنداقلا ھەربىر گۈزەل رەسىم-ھەيكەللەرنىڭ ئۈستىگە...»\f* \m \v 17 ئادەملەرنىڭ كۆرەڭلىكى تۆۋەن قىلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ، \m ئىنسانلارنىڭ تەكەببۇرلىقى پەس قىلىنىدۇ، \m شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. \m \v 18 بۇتلار بولسا ھەممىسى كۆزدىن يوقىلىدۇ.\f □ \fr 2:18 \ft \+bd «بۇتلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئەرزىمەسلەر...»\f* \m \v 19 پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، \m ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، \m خادا تاش غارلىرىنىڭ ئىچىگە، \m يەر يۈزىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋالىدۇ؛ \m \v 20 شۇ كۈنىدە كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنۇشقا ياسىغان كۈمۈش بۇتلىرى ۋە ئالتۇن بۇتلىرىنى قارىغۇ چاشقانلارغا ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ؛ \m \v 21 پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، \m ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، \m خادا تاش چاكلىرىنىڭ ئىچىگە، \m يارلارنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ؛ \m \v 22 ئۈمىدىڭلارنى نەپىسى دىمىغىدىلا تۇرىدىغان ئىنساندىن ئۈزۈڭلار، \m چۈنكى ئىنسان زادى نېمە ئىدى؟! \b \b \m \c 3 \s1 يەھۇدا-يېرۇسالېمنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشىدىغان جازا \m \v 1 چۈنكى، قارا! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، \m يېرۇسالېم ۋە يەھۇداغا قۇۋۋەت ۋە يۆلەنچۈك بولغان \add بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىدۇ\add*، \m ــ يەنى قۇۋۋەت بولغان پۈتكۈل ئاش-نان، \m يۆلەنچۈك بولغان ھەممە سۇ، \f □ \fr 3:1 \ft \+bd «يۆلەنچۈك» ۋە «قۇۋۋەت»\+bd* ــ بۇ ئىككى سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «تاياق» ياكى «ھاسا»نى بىلدۈرىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، قەدىمكى زامانلاردا يەھۇدىي خەلقى ئۆز نانلىرىنى بىر ھاسىدا (زىختا تىزىلغاندەك) كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ئۇنداق بولسا بۇ سۆزلەر ئىككى بىسلىق بولۇپ، ھەم مۇشۇ «تاياقلار» ھەم «قۇۋۋەت-يۆلەنچۈك»لەرنى تەڭ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 پالۋان ۋە لەشكەر، \m سوتچى ۋە پەيغەمبەر، \m پالچى ۋە ئاقساقال، \m \v 3 ئەللىك بېشى، مۆتىۋەر ۋە مەسلىھەتچى، \m ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە جادۇ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. \m \v 4 ــ «\add ئۇلارنىڭ ئورنىغا\add* ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، \m بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. \m \v 5 پۇقرالار بىر-بىرىنى ئېزىدۇ، \m ھەربىرى قوشنىسى تەرىپىدىن ئېزىلىدۇ؛ \m بالىلار قېرىلارغا، \m مۇتتەھەملەر مۆتىۋەرلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىدۇ؛ \m \v 6‏-7 شۇ كۈنى بىرسى ئاتا جەمەتىدىكى قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ \m «سىزنىڭ كىيىم-كېچىكىڭىز بار؛ بىزگە يېتەكچى بولۇڭ، بۇ خارابىلەر قولىڭىز ئاستىدا بولسۇن»، ــ دەيدۇ؛ \m ئۇ جاۋابەن قولىنى كۆتۈرۈپ \add قەسەم ئىچىپ\add*: «دەردىڭلارغا دەرمان بولالمايمەن؛ \m ئۆيۈمدىمۇ يا ئاش-نان يا كىيىم-كېچەك يوق؛ \m مېنى خەلققە يېتەكچى قىلماڭلار!» ــ دەيدۇ. \m \v 8 چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، \m يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ \m سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، \m شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «...يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ...»\+bd* ــ ياكى «...يېرۇسالېم خاراب قىلىنىدۇ».\f* \m \v 9 ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ \m ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، \m ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. \m ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن! \m \v 10 ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، \m ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، \m ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛ \m \v 11 رەزىللەرگە ۋاي! بېشىغا يامانلىق چۈشىدۇ، \m چۈنكى ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرى ئۆزىگە يانىدۇ. \m \v 12 مېنىڭ خەلقىمدە بولسا، بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، \m ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ؛ \m ئى خەلقىم! سىلەرنى يېتەكلەۋاتقانلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، \m ئۇلار ماڭىدىغان يوللىرىڭلارنى يوق قىلىدۇ.\f □ \fr 3:12 \ft \+bd «بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە، يەشايا بەلكىم ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بالىلىق قىلىدىغانلىقى، ئۆز ئاياللىرى ۋە كېنەزەكلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى.\f* \m \v 13 پەرۋەردىگار ئۆز دەۋاسىنى سوراشقا ئورۇن ئالىدۇ، \m خەلق-مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆرە تۇرىدۇ؛ \m \v 14 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرى بىلەن دەۋالىشىپ، ئۇلارغا: ــ ئۈزۈمزارنى يەپ تۈگەتكەنلەر سىلەر ئۆزۈڭلار، \m ئاجىز مۆمىنلەردىن ئالغان ئولجا ئۆيۈڭلاردا ياتىدۇ، دەيدۇ. \m \v 15 ــ سىلەرنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق ئېزىپ، \m ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. \b \m \s1 يېرۇسالېمدىكى «مودا قوغلىشىدىغان» تەكەببۇر قىز-ئاياللارغا چۈشىدىغان جازا \m \v 16 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ \m «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، \m قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، \m كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، \m پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛ \m \v 17 شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، \m پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ». \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ چېكىسىنى پاخشەك قىلىدۇ».\f* \m \v 18 ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ \m ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، \m باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى، \m \v 19 ھالقىلىرىنى، بىلەزۈكلىرىنى، چۈمپەردە-چاچۋانلىرىنى،\f □ \fr 3:19 \ft \+bd «چاچۋان»\+bd* ــ بىرخىل چۈمپەردە، نىقاب.\f* \m \v 20 روماللىرىنى، ئوشۇق زەنجىرلىرىنى، پوتىلىرىنى، ئەتىردانلىرىنى، تىلتۇمارلىرىنى، \m \v 21 ئۈزۈكلىرىنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى، \m \v 22 ھېيتلىق تونلىرىنى، يوپۇقلىرىنى، پۈركەنجىلىرىنى، ھەميانلىرىنى، \m \v 23 ئەينەكلىرىنى، ئاپئاق ئىچ كۆينەكلىرىنى، سەللىلىرىنى ۋە تور پەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. \m \v 24 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، \m ئەتىر پۇرىقىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق؛ \m پوتىنىڭ ئورنىدا ئارغامچا، \m چىرايلىق ياسىغان چاچلىرىنىڭ ئورنىدا تاز بېشى، \m كېلىشكەن توننىڭ ئورنىدا بۆز رەختلەر، \m گۈزەللىكىنىڭ ئورنىدا داغمال تامغىسى بولىدۇ. \m \v 25 سېنىڭ يىگىتلىرىڭ قىلىچلىنىپ، \m باتۇرلىرىڭ جەڭدە يىقىلىدۇ. \m \v 26 \add زىئوننىڭ\add* قوۋۇقلىرى زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتىدۇ؛ \m ئۇ يالىڭاچلانغان ھالدا يەرگە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. \b \b \m \c 4 \s1 داۋامى \m \v 1 شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 4:1 \ft \+bd «بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىز»\+bd* ــ شۇ دەۋردە، توي قىلغاندىن كېيىن، ئايال ئېرىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىغان ئادەت بار ئىدى.\f* \b \m \v 2 شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ، \m زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا، \m قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى»\+bd* ــ چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن چىققان بىر زاتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى تۆۋەندە ئېنىقلىنىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ««پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» گۈزەللىك ۋە شان-شەرەپ ئۈچۈن بولىدۇ».\f* \m \v 3 ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، \m زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، \m يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «...يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ»\+bd* ــ ئاخىرقى زاماندا يەھۇدىيلارنىڭ «قالدى»سى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.\f* \m \v 4 شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، \m زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، \m يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ. \m \v 5 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، \m شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، \m كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ \m چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ. \f □ \fr 4:5 \ft \+bd «شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ.\f* \m \v 6 شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان، \m خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ». \b \b \m \c 5 \s1 ئۈزۈمزار ناخشىسى \m \v 1 مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا، \m مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۈچۈن ئۆز ئۈزۈمزارى توغرۇلۇق بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي؛ \m سۆيۈملۈكۈمنىڭ مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە ئۈزۈمزارى بار ئىدى؛ \f □ \fr 5:1 \ft \+bd «مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا... بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي»\+bd* ــ پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقان «يار»ى بولسا خۇدادۇر. \+bd «مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىر مۈڭگۈز، زەيتۇن مەيلىك ئوغۇل ئۈستىدە...».\f* \m \v 2 ئۇ ھەممە يېرىنى كولاپ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىدى، \m ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلى تىكتى؛ \m ئۇ ئۈزۈمزار ئوتتۇرىسىغا كۆزىتىش مۇنارى سالدى، \m ئۈزۈمزار ئىچىدىمۇ شاراپ كۆلچىكى قازدى، \m ئاندىن ئۈزۈمدىن ياخشى ھوسۇل كۈتتى؛ \m بىراق بۇنىڭ ئورنىغا، ئۈزۈمزار ئاچچىق ئۈزۈملەرنىلا بەردى.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «...ئۈزۈمزار ئاچچىق ئۈزۈملەرنىلا بەردى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئاچچىق» ئىبرانىي تىلىدىكى «سېسىق»نى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 3 قېنى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە يەھۇدانىڭ ئادەملىرى، \m مەن بىلەن ئۈزۈمزارىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىڭلار! \m \v 4 مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ \m ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، \m نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟\x + \xo 5:4 \xt يەر. 2‏:5؛ مىك. 6‏:3، 8\x* \m \v 5 ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ \m ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ كۆيدۈرۈلىدۇ».\f*  \x + \xo 5:5 \xt زەب. 80‏:12-13\x* \m \v 6 مەن ئۇنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن؛ \m ھېچكىم ئۇنى چاتاپ-پۇتاپ، پەرۋىش قىلمايدۇ؛ \m جىغانلار ۋە تىكەنلەر ئۇنىڭدا ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ \m بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يامغۇر ياغدۇرماڭلار دەپ بۇيرۇيمەن. \m \v 7 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارى ــ ئىسرائىل جەمەتى، \m ئۇنىڭ خۇشاللىقى بولغان ئۆسۈملۈك بولسا ــ يەھۇدادىكىلەردۇر؛ \m ئۇ ئادالەت مېۋىسىنى كۈتكەن، \m بىراق مانا ئەمدى زۇلۇم كۆردى؛ \m ھەققانىيلىقنى كۈتكەن، \m بىراق مانا ئەمدى نالە-پەرياد بولدى!\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «مانا ئەمدى نالە-پەرياد بولدى!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە ۋەھىي-خەۋەرنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىبرانىي تىلىدا ئاھاڭداش سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ: «ئادالەت» ــ «مىشپات»، «زۇلۇم» ــ «مىشپاق»؛ «ھەققانىيلىق» ــ «تسەدەقاھ»، «نالە-پەرياد» ــ «زەدەكاھ». يەشايا پەيغەمبەر ھەردائىم مۇشۇنداق سۆز ئويۇنى قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:7 \xt زەب. 80‏:8-9\x* \m \v 8 خەقلەرگە ھېچ ئورۇن قالدۇرماي ئۆينى-ئۆيگە، ئېتىزنى-ئېتىزغا ئۇلىغانلارغا ۋاي! \m ئۆزۈڭلارنى يالغۇز زېمىندا قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟\x + \xo 5:8 \xt مىك. 2‏:2\x* \m \v 9 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇنداق دېدى: ــ \m «كۆپلىگەن ئۆيلەر، \m دەرۋەقە ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، خاراب بولىدۇ. \m \v 10 بەرھەق، قىرىق مولۇق ئۈزۈمزار پەقەت ئالتە كۈپ شاراب بېرىدۇ، \m ئوتتۇز كۈرە دان بولسا پەقەت ئۈچ كۈرە ھوسۇل بېرىدۇ. \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «بەرھەق، قىرىق مولۇق ئۈزۈمزار پەقەت ئالتە كۈپ شاراب بېرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «قىرىق مولۇق يەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئون قوش كالىلىق يەر» دېگەنلىك بولۇپ، ئون قوش كالا بىر كۈن ئىچىدە ئاغدۇرالايدىغان يەر. \+bd «ئالتە كۈپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىر بات»، بەلكىم 27 لىترگە توغرا كېلىدۇ. \+bd «ئوتتۇز كۈرە»\+bd* ــ بىر «كۈرە» بىر كور، يەنى 20 لىتر. «30 كۈرە» بولسا ئىبرانىي تىلىدا «بىر خومىر» (300 لىتر)، «3 كۈرە» ئىبرانىي تىلىدا «بىر ئەفاھ» (30 لىتر).\f* \m \v 11 مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، \m قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي!\x + \xo 5:11 \xt پەند. 23‏:29،30\x* \m \v 12 ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە چىلتار ۋە لىرا، تەمبۇر ۋە نەي، شارابمۇ بار؛ \m بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە قول ئىشلىرىغا ھېچ ئېتىۋار قىلمايدۇ.\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «لىرا»\+bd* ــ بىر خىل تارلىق ساز. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرى...»\+bd* ــ بۇ ئىبارە بەلكىم بىپايان ئالەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئاجايىبلىقلىرىنى، «قول ئىشلىرى» بولسا بەلكىم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن نىجاتلىق مۆجىزىلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f* \m \v 13 شۇ سەۋەبتىن ئۆز خەلقىم بىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ \m ئېسىلزادىلىرى ئېچىرقىشىپ، \m پۇقرالىرى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كېتىدۇ.\x + \xo 5:13 \xt ئام. 6‏:7\x* \m \v 14 شۇڭا تەھتىسارا نەپسىنى يوغىنىتىپ، \m ئاغزىنى ھاڭ ئاچىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىرى، توپ-توپ ئادەملىرى، قىقاس-سۈرەن كۆتۈرگۈچىلىرى ۋە نەغمە ئوينىغۇچىلىرى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېگەن يەر، «يەر ئاستىدىكى ساراي» (يەنى، «تەكت ساراي»)، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 15 پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، \m مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ، \m تەكەببۇرلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ؛ \m \v 16 بىراق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئادالەت يۈرگۈزگىنىدە ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ، \m پاك-مۇقەددەس بولغۇچى تەڭرى ھەققانىيلىقىدىن پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىنىدۇ. \m \v 17 شۇ چاغدا قوزىلار ئۆز يايلاقلىرىدا تۇرغاندەك ئوتلايدۇ، \m مۇساپىرلارمۇ بايلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيلىرىدە ئوزۇقلىنىدۇ.\f □ \fr 5:17 \ft \+bd «قوزىلار... ئوتلايدۇ،... مۇساپىرلار... ئوزۇقلىنىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، زېمىن بوش، قۇرۇق بولۇپ كەتكەچكە، قويلار ھەم يات ئادەملەر ئەركىنلىك بىلەن ھەتتا بايلارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئوزۇقلۇق تاپىدۇ.\f*  \x + \xo 5:17 \xt يەش. 14‏:30\x* \m \v 18 قەبىھلىكنى ئالدامچىلىقنىڭ يىپلىرى بىلەن، \m گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي!\f □ \fr 5:18 \ft \+bd «گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي!»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلار گۇناھلىرىنى ھەتتا ئۆز تېنىدە كۆتۈرەلمەيدۇ، كەبىھلىكلىرى ئىنتايىن كۆپ ھەم ئوپئۇچۇقتۇر.\f* \m \v 19 يەنى: «\add خۇدا\add* ئالدىرىسۇن! \m ئىشلىرىنى ئۆزى ئىتتىكرەك ئادا قىلسۇن، \m شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز! \m «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نىڭ نىيەت قىلغىنى يېقىنلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغاي، \m بىز ئۇنى بىلىۋالايلى!» ــ دېگەنلەرگە ۋاي!\f □ \fr 5:19 \ft \+bd «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»\+bd* ــ 4:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 20 ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، \m قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، \m ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي! \m \v 21 ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، \m ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي!\x + \xo 5:21 \xt پەند. 3‏:7؛ رىم. 12‏:16\x* \m \v 22 شاراب ئىچىشكە باتۇر بولغانلارغا، \m ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلارغا،\f □ \fr 5:22 \ft \+bd «ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلار...»\+bd* ــ مۇشۇلار كىنايىلىك سۆز، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 23 يەنى پارا ئۈچۈن رەزىللەرنى ئاقلاپ، \m شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ ئادالىتىنى رەت قىلغۇچىلارغا ۋاي!\x + \xo 5:23 \xt پەند. 17‏:15؛ 24‏:24\x* \m \v 24 شۇڭا، ئوت يالقۇنلىرى سامانلارنى يۇتۇۋەتكەندەك، \m يالقۇنلاردا مەڭگەنلەر سولىشىپ يوقالغاندەك، \m ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ كېتىدۇ، \m گۈل-چېچەكلىرى چاڭ-توزاڭدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇق-قانۇنىنى چەتكە قاققان، \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆز-كالامىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى.\x + \xo 5:24 \xt مىس. 15‏:7؛ يەش. 9‏:18\x* \m \v 25 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز خەلقىگە قاراپ قاينايدۇ، \m ئۇ ئۇلارغا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. \m تاغلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ \m ئۆلۈكلەر ئەخلەتلەردەك كوچىلار ئوتتۇرىسىدا دۆۋە-دۆۋە بولىدۇ. \m مۇشۇنداق ئىشلار بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، \m سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.\x + \xo 5:25 \xt يەش. 9‏:11، 16، 20؛ 10‏:4، 6\x* \m \v 26 ئۇ يىراقتىكى ئەللەرنى چاقىرىپ تۇغنى كۆتۈرىدۇ، \m ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىسىدىن بىر ئەلنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ \m مانا ئۇلار تېزدىن ئالدىراپ كېلىدۇ! \m \v 27 ئۇلاردىن ھېچبىرى چارچاپ كەتمەيدۇ، \m پۇتلىشىپمۇ كەتمەيدۇ. \m ھېچبىرى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، \m باغلىغان بەلۋاغلىرىدىن ھېچبىرى بوشىمايدۇ، \m چورۇقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىدىن ھېچبىرى ئۈزۈلمەيدۇ؛ \m \v 28 ئۇلارنىڭ ئوقلىرى ئىتتىك، \m بارلىق ئوقيالىرىنىڭ كىرىچلىرى تارتىلىپ تەييار تۇرىدۇ، \m ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تېشىدەك بولىدۇ، \m \add جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ\add* چاقلىرى قويۇنتازدەك ئايلىنىدۇ؛ \m \v 29 ئۇلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى شىرنىڭكىدەك بولىدۇ، \m ئۇلار ئارسلانلاردەك ھۆركىرىشىدۇ، \m دەرۋەقە، ئۇلار ئوۋغا ئېرىشكەندە غاژ-غۇژ قىلىپ ھۆرپىيىشىدۇ؛ \m ئوۋنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم بولماي، \m ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ. \m \v 30 شۇ كۈنى ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئوۋغا ھۆركىرىشىدۇ؛ \m ئەگەر بىرەرسى يەر-زېمىنغا قارىغۇدەك بولسا، \m پەقەت قاراڭغۇلۇق، دەرد-ئەلەمنىلا كۆرىدۇ! \m ھەرقانداق نۇر بۇلۇت-تۇمان تەرىپىدىن غۇۋالىشىدۇ. \f □ \fr 5:30 \ft \+bd «...ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئوۋغا ھۆركىرىشىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئۇنىڭغا ھۆركىرىشىدۇ». ئۇلارنىڭ ئوۋلايدىغىنى بولسا ئىسرائىلدۇر.\f*  \x + \xo 5:30 \xt يەش. 8‏:22\x* \b \b \m \c 6 \s1 خۇدانىڭ يەشايانى پەيغەمبەر قىلىپ چاقىرىشى \m \v 1 ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ \m ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ \m ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى. \x + \xo 6:1 \xt 2پاد. 15‏:7\x* \m \v 2 ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ \m ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ \m ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، \m ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، \m ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «سارافلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «كۆيگۈچىلەر» «كۆيىۋاتقانلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئىبرانىي تىلىدىكى مۇشۇ كۆپلۈك ئىسىم بولسا «ئۈچ ياكى ئۈچتىن كۆپ»نى بىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار بىرخىل پەرىشتىدۇر. ئۇلار ئاز دېگەندە ئۈچ بولىدۇ، بىراق زادى قانچىسى بارلىقىنى بىلمەيمىز.\f*  \x + \xo 6:2 \xt ۋەھ. 4‏:8\x* \m \v 3 ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! \m بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» ــ دەپ توۋلاۋاتاتتى.\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «... مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۈپەت ئىككى قېتىم تەكرالانسا، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا مەلۇم بىر سۈپەتنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى پەقەت مۇشۇ يەردىلا تېپىلىدۇ؛ خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەسلىكى، شۈبھىسىزكى، «مۇكەممەل، ئىنسان تەسسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجە»دە بولغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 6:3 \xt ۋەھ. 4‏:8\x* \m \v 4 توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى، \m ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» ــ دېدىم.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «مەن تۈگەشتىم!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ ۋە «مەن پارچە-پارچە قىلىندىم!» ھەم «مەن سۈكۈتتە تۇرغۇزۇلدۇم» دېگەننىمۇ ئىپادىلەيدۇ.\f* \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛ \v 7 ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: ــ «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ دېدى.\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى»\+bd* ــ «كافارەت» توغرۇلۇق «مىس.» 17:25 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:7 \xt يەر. 1‏:9؛ دان. 10‏:16\x* \m \v 8 ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. \m شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم. \m \v 9 ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ \m كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. \x + \xo 6:9 \xt مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8\x* \m \v 10 مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛ \m ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر، \m كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ \m بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، \m قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان، \m كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ، \m يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى».\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن»\+bd* ــ «يۈرىكى تاش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا «يۈرىكى مايلىق» دەپ ئېلىنغان. \+bd «كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، ... يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى»\+bd* ــ مۇشۇ قورقۇنچلۇق سۆزلەرگە قارىغاندا، يەشايا مەزكۇر كىتابتىكى بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى شۇنداق ئېچىنىشلىق بولىدۇكى، ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز گۇناھلىرىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ھالاك بولۇش يولىنى تاللايدىغان بولىدۇ.\f*  \x + \xo 6:10 \xt يەر. 5‏:21\x* \m \v 11 ئاندىن مەن: ــ «رەب، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» ــ دەپ سورىۋىدىم، \m ئۇ جاۋابەن: ــ «تا شەھەرلەر خاراب قىلىنىپ ئاھالىسىز، \m ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، \m زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە،\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە،...»\+bd* ــ «زېمىن» ئىسرائىل تۇرۇۋاتقان زېمىننى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 پەرۋەردىگار ئادەملىرىنى يىراقلارغا يۆتكەپ، \m زېمىندىكى تاشلىۋېتىلگەن يەرلەر كۆپ بولغۇچە بولىدۇ» ــ دېدى. \m \v 13 «ھالبۇكى، زېمىندا ئادەملەرنىڭ ئوندىن بىرىلا قالىدۇ؛ \m ئۇلار \add زېمىنغا\add* قايتىپ كېلىپ يەنە يۇتۇۋېتىلىدۇ، \m كېسىلگەن بىر دۇب ياكى ئارئار دەرىخىنىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ؛ \m كۆتەك بولسا «مۇقەددەس نەسىل» بولۇر. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «مۇقەددەس نەسىل»\+bd* ــ خۇداغا سادىق بولغان، يۇقىرىدا دېيىلگەن «قالدى»، يەنى خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىنى، خۇداغا سادىق بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 7 \s1 داۋۇت جەمەتىگە سېلىنغان تەھدىت؛ •••• قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ \m سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ۋە ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى.\f □ \fr 7:1 \ft \+bd «ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيا...»\+bd* ــ «يەشايا» كىتابنىڭ پەقەت مۇشۇ يېرىدىلا ۋە 1:9-21-ئايەتلەردە، «ئىسرائىل» ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قىسىم پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۇلايمان ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن ئىسرائىل ئىككىگە بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي قىسىم «يەھۇدا»، (ئاساسەن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر)، شىمالىي قىسىم «ئىسرائىل» ياكى بەزىدە «ئەفرائىم» (ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەر ۋە باشقا توققۇز قەبىلىدىكىلەردىن تەركىب تاپقان) دەپ ئاتالغانىدى. كىتابتا باشقا ھەر يەرلەردە، «ئىسرائىل» ئون ئىككى قەبىلىلىك پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:1 \xt 2پاد. 16‏:5؛ 2تار. 28‏:5\x* \m \v 2 داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ \m «سۇرىيە ئەفرائىم بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ دېگەن خەۋەر كەلدى. \m شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى ئورمانلار شامالدا سىلكىنىپ كەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى.\f □ \fr 7:2 \ft \+bd «ئەفرائىم»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە شىمالىي پادىشاھلىقتىكى «ئىسرائىل»نىڭ كۆپ سانلىق قەبىلىسى. مۇشۇ يەردە «ئەفرائىم» باشقا توققۇز قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «...ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلەشمە قوشۇن قۇردى»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 3 ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن. \f □ \fr 7:3 \ft \+bd «ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب»\+bd* ــ «شېئار-جاشۇب» «بىر قالدى قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن مەنىدە. يەشايانىڭ بۇ ئوغلىنى بىللە ئېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 16-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \+bd «سەن ... يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ،...»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئاھاز ئاشۇ يەردە تۇرۇپ، مۇشۇ قوشۇنلار چوقۇم كېلىپ بىزنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ، شۇڭا سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىم لازىم دېگەن ئويدا ئىدى.\f* \v 4 سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە! \v 5 چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ \m \v 6 «بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىپ،...».\f* \m \v 7 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «بۇ سۆز ئاقمايدۇ، ھېچ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ \m \v 8 چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛ \m ۋە ئاتمىش بەش يىل ئىچىدە ئەفرائىم شۇنداق بىتچىت بولىدۇكى، ئۇلارنى «بىر خەلق» دېگىلى بولمايدۇ؛ \m \v 9 ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر، \m سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ \m سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ دېگىن».\f □ \fr 7:9 \ft \+bd «ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر»\+bd* ــ سامارىيە شەھىرى ئەفرائىمنىڭ پايتەختى. \+bd «دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس،... سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر»\+bd* ــ ھازىرقى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، سۇرىيە بىلەن ئىسرائىل ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئىككى دۆلەت يەھۇدانى ئىتتىپاققا قوشۇلۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولدى. ئاھاز پادىشاھ بۇنى رەت قىلدى، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئاسۇرىيەلەر بىلەن يوشۇرۇن ھالدا بىر «سۇلھ» تۈزمەكچى بولغان ياكى تۈزگەن. مانا بۇ ئۇنىڭ يەشايانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلىقىنىڭ، يەنى خۇدادىن بېشارەت سورىماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. \fp بۇ ئايەتتىكى ئاخىرقى جۈملە: «...ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» دېگەن سۆزلەر ئىبرانىي تىلدا ئاھاڭداش سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن: ــ «ئىما تا-ئامىنۇ، كىما تا-ئامىنۇ». «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بۇ سۆزلەر پەقەت ئاھازغىلا ئەمەس، بەلكى داۋۇتنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە ئېيتىلغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 10 پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ \m \v 11 «ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. \f □ \fr 7:11 \ft \+bd «يەرنىڭ تېگى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يەرنىڭ تېگى» «شېئول»نى، يەنى «تەھتىسارا»نى، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 12 بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 7:12 \ft \+bd «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن»\+bd* ــ «خۇدانى سىناش» گۇناھدۇر؛ بىراق مۇشۇ يەردىكى «بېشارەت سوراش» خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ تەكلىپى بولۇپ، گۇناھ ھېسابلانمايدۇ.\f* \m \v 13 ئاندىن \add يەشايا\add*: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟ \v 14 شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ \m مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ...»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەت بولسا، ئۇلارغا ئىشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇلارغا بولغان نارازىلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. \+bd «ئىممانۇئېل»\+bd* ــ «خۇدا بىز بىلەن بىللە» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 7:14 \xt مات. 1‏:23؛ لۇقا 1‏:31\x* \v 15 ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. \f □ \fr 7:15 \ft \+bd «ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە...»\+bd* ــ ياكى «ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلىشى ئۈچۈن». \+bd «پىشلاق ۋە بال يەيدۇ»\+bd* ــ بۇ تاماقلار زېمىننىڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەم ئاز بولغاچقا، تېرىلغۇ يەرلەرمۇ ئاز بولىدۇ. ئادەملەر پەقەت مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېرىلغۇ يەرلەر ياۋايى ھايۋناتلار، ھەرە قاتارلىقلارغا تاشلىنىپ قالىدۇ (21-23-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). ئىممانۇئېل كەمبەغەل شارائىتلاردا تۇغۇلىدۇ ھەم بەلكىم چوڭ بولغۇچە شۇ غۆرىگىل يېمەكلىكىنى جاڭگالدىن تېرىپ يەيدۇ، دېمەكچى.\f* \v 16 چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ. \f □ \fr 7:16 \ft \+bd «چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بۇ ياش بالا» ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم ئىممانۇئېلنىڭ ئۆزى ھەم يەشايانىڭ ئوغلى «شېئار-جاشۇب»نىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، «شېئار-جاشۇب» چوڭ بولغۇچە، سۇرىيە ھەم ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق) تاشلاندۇق بولۇپ تۇرىدۇ. بېشارەتتىن ئۈچ يىلدىن كېيىن سۇرىيە زېمىنى ۋە ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن ئىسرائىل زېمىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى يەھۇدانىڭ زېمىنىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئۇنى بۇلاپ-تالايدۇ، بىراق ئۇنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. كېيىنكى بابلارنى، بولۇپمۇ 36-37-بابنى كۆرۈڭ. «ئىممانۇئېل» دېگەن بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى بېشارەت ئاھازغا ئەمەس، «داۋۇت جەمەتىگە» چۈشىدۇ، دېيىلىدۇ. قارىغاندا، «ئىممانۇئېل» داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىكى بىر «پاك قىز»دىن تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ بالىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىنجىلدىكى «ماتتا» 1-، 2-بابنى، «لۇقا» 1-، 2-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 17 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر! \m \v 18 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ \v 19 ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ.\f □ \fr 7:19 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، ...ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئادەملەر يوشۇرۇنماقچى بولغان ھەربىر جاي بىخەتەر بولمايدۇ، دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. \fp مۇشۇ ئايەتتە ئىبرانىي تىلىدا ئاھاڭداش سۆز ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، بىر توپ ھاشارەتنىڭ «غۇڭ-غۇڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارغىنىغا ئوخشىتىلغان.\f* \m \v 20 ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛ \f □ \fr 7:20 \ft \+bd «مۇشۇ ئۇستىرا ... پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ»\+bd* ــ «پۇتنىڭ تۈكلىرى» مۇشۇ يەردە پۈتۈن بەدەندىكى تۈكلەرنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ، سەل سىلىقلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن. دېمەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلارنى بەلكىم يالىڭاچ قالدۇرىدۇ.\f* \v 21 شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ، \v 22 ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ.\f □ \fr 7:22 \ft \+bd «...ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئادەملەر شۇنچە ئاز، تېرىلغۇ يەر يوق دېيەرلىك، زىرائەتلەرنىڭ ئورنىدا ياۋا ئوت-چۆپ كۆپ بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ئاساسەن پەقەت سۈت ھەم بال بولىدۇ.\f* \m \v 23 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ \x + \xo 7:23 \xt لاۋ. 26‏:22\x* \v 24 ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. \f □ \fr 7:24 \ft \+bd «ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ...»\+bd* ــ دېمەك، بۇنداق ئۈزۈمزار ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئادەملەر ئۇ يەرگە بارىدىغان بولسا، ئۆزىنى قوغداش ياكى ئوۋ قىلىش ئۈچۈن قوراللارنى كۆتۈرگەن ھالەتتىلا بارىدۇ.\f* \v 25 ئىلگىرى كەتمەن چېپىلغان ھەربىر تاغلىق جىلغىلارغا بولسا، ــ ئۇلار ئۇ يەرلەرگە جىغانلاردىن ۋە تىكەنلەردىن قورقۇپ بارمايدۇ؛ \m بۇ يەرلەر پەقەت كالىلارنى ئوتلىتىدىغان، \m قويلار دەسسەپ-چەيلەيدىغان جايلار بولۇپ قالىدۇ، خالاس. \b \b \m \c 8 \s1 ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى توغرىسىدىكى يەنە بىر بېشارەت \m \v 1 پەرۋەردىگار ماڭا: ــ \m «چوڭ بىر تاختاينى قولۇڭغا ئېلىپ، ئېنىق ھەرپلەر بىلەن: ــ «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ يازغىن» ــ دېدى. \f □ \fr 8:1 \ft \+bd «ماخار-شالال-خاش-باز»\+bd* ــ «ئولجىغا ئالدىرا! ئوۋغا چاپسان بول!» دېگەن مەنىدە. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 3- ھەم 4-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم. \f □ \fr 8:2 \ft \+bd «كاھىن بولغان ئۇرىيا»\+bd* ــ «كاھىن» دېگەن، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى كىشى. \+bd «كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا»\+bd* ــ ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇرىيا دېگەن كىشى كېيىن يەشايا پەيغەمبەرگە قارشى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن («2پاد.» 10:16-16نى كۆرۈڭ). شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تېخىمۇ «ئىشەنچلىك گۇۋاھلىق» سۈپىتىدە بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 3 ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛ \f □ \fr 8:3 \ft \+bd «.. مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم»\+bd* ــ «ئايال پەيغەمبەر» يەشايانىڭ ئايالىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق نېمىشقا «ئايال پەيغەمبەر» دەپ ئاتىلىدۇ؟ ياكى ئۇ ئۆزى پەيغەمبەر بولدى ۋە ياكى ئۇنىڭ مۇشۇ ئوغلىنى تۇغقانلىقىنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى.\f* \v 4 چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى. \m \v 5 پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 6 «مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ، \m ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەزىن ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىدىن خۇرسەن بولغاچقا، \m \v 7 شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛ \m ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ، \m ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛ \m \v 8 ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛ \m ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل!\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «...ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل!»\+bd* ــ 6-8-ئايەت توغرۇلۇق چۈشەنچىمىز مۇنداق: يەھۇدادىكىلەر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن قورققىلى تۇردى. «شىلوئاھ» بولسا، يېرۇسالېمدىن ئۆتىدىغان لەرزان سۈپسۈزۈك بىر ئۆستەڭ ئىدى. خۇدا بۇ ئۆستەڭنى ئۆزىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىسرائىلغا بەرمەكچى بولغان ئامان-تىنچلىقىغا ئوخشىتىدۇ. ئەفرات دەرياسى بولسا، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىكى چوڭ دەريادۇر. شىلوئاھ ئۆستىڭىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە، بىراق مۇشۇ لەرزان ئاقىدىغان ئۆستەڭ خۇدانىڭ ھىمايىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى بولسا ھەيۋەتلىك نەرسىگە ئۈمىد باغلاشقا مايىلدۇر؛ يەھۇدا خەلقى بولسا ئىشەنچىنى خۇدانىڭ ھىمايىسىگە باغلىغان ئەمەس، بەلكى ئۇلار: «سۇرىيە بىلەن (شىمالىي) ئىسرائىلنىڭ ئىتتىپاقىنى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە بىر توسالغۇ» دەپ خاتىرجەم ۋە خۇشال ئىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچىنى خاتا قويغانلىقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئاسۇرىيە پادىشاھى سىلەرگە «بوينۇڭلارغا يەتكۈچە» تاجاۋۋۇز قىلىدۇ، دەيدۇ. \fp «بويۇنغا يەتكۈچە» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھى كەلگەندە، يەھۇدانىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، 46 شەھەرنى قولىغا ئالدى؛ پەقەت پايتەختى يېرۇسالېم شەھىرىنى ئىگىلىيەلمەي، ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئاخىردا ئۇ خۇدانىڭ بىۋاسىتە جازاسىغا ئۇچراپ ئاسۇرىيەگە قايتتى (37-36 بابنى كۆرۈڭ). \fp 10-ئايەت بويىچە، ئىسرائىلنىڭ زېمىنى بولسا «ئىممانۇئېل»نىڭ زېمىنىدۇر؛ دېمەك، «ئىممانۇئېل» ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، خوجايىنىدۇر.\f* \b \m \v 9 ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر! \m جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار! \m \add جەڭ ئۈچۈن\add* بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! \m \add جەڭ ئۈچۈن\add* بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر!\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «غەزەپلىنىڭلار، ئى ئەللەر...!»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «جەم بولۇپ ھۇجۇم قىلىڭلار، ئى ئەللەر...!». \fp مۇشۇ ئايەتكە قارىغاندا، بېشارەت مۇشۇ يەردە پەقەت ئاسۇرىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى زاماندا جىمى خەلق-مىللەتنىڭ ئىسرائىلغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 10 پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛ \m مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛ \m سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!». \f □ \fr 8:10 \ft \+bd «مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىر سۆز قىلىشىڭلار». \+bd «سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ئىممانۇئېل» پاك قىزدىن تۇغۇلغان (7-بابتىكى) بېشارەتلىك بالا، ئىسمى «خۇدا بىز بىلەن بىللە» دېگەن مەنىدە.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ يەشاياغا يوليورۇق بېرىشى \m \v 11 چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ، \m مېنىڭ بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىقىمغا يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق سۆز قىلدى: ــ \m \v 12 «مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛ \m ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار، \m ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سۇيىقەست»نىڭ مەنىسى (بىزنىڭ قارىشىمىزچە): ــ خەلق ھەرخىل پىتنە-ئىغۋالارغا قۇلاق سېلىپ: «ئەتىراپىمىزدىكى باشقا دۆلەتلەر ياكى ئۆز ئىچىمىزدىكى خائىنلار سۇيىقەست قىلىۋاتىدۇ» دەپ قورقۇپ يۈرەتتى؛ مۇشۇ گەپلەرگە يەشايا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلار ھېچ قۇلاق سالماسلىقى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 13 پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ \m ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، \m سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن!\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «پەقەت... پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار»\+bd* ــ ياكى «پەقەت... پەرۋەردىگارنىلا مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار».\f* \m \v 14 ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، \m ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، \m يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛\f □ \fr 8:14 \ft \+bd «ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بەلكىم «ئىممانۇئېل»نى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «مۇقەددەس پاناھگاھ» ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتگاھ»غا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىش يولىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. \+bd «ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش»\+bd* ــ بۇ ئىبارىنىڭ يەنە بىر مەنىسى «(ئادەملەر) يامان كۆرىدىغان قورام تاش».\f*  \x + \xo 8:14 \xt يەش. 28‏:16؛ لۇقا 2‏:34؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:7\x* \m \v 15 ئۇلاردىن كۆپلەر \add ئۇنىڭغا\add* پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ». \x + \xo 8:15 \xt مات. 21‏:44؛ لۇقا 20‏:18\x* \b \m \s1 يەشايانىڭ ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە گەپ قىلىشى \m \v 16 ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن. \f □ \fr 8:16 \ft \+bd «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ... قويغىن»\+bd* ــ خۇدا مۇشۇ يەردە يەشايا ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكەن مۇخلىسلىرىغا يوليورۇق بېرىدۇ. يەشايا يازغان ھەم سۆزلىگەن گۇۋاھلىقلارنى، مۇساغا بېرىلگەن قانۇن ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن تەۋراتتىكى قىسىملارنى بىللە قوشۇپ، بىخەتەر ساقلاپ قويۇش كېرەك، دېگەن مەنىدە. شۇنداق قىلغاندا، بىرىنچىدىن، ھەرقانداق قالايمىقان ۋەزىيەتلەر ئاستىدا، ئۇلار مۇشۇ كىتابلار ئارقىلىق نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەلەيدۇ. \fp ئىككىنچىدىن، ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن بېشارەتلەرنى پېچەتلىگەن بولسا، ئۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، گۇۋاھلىقلار ئالدىنئالا ئېيتقان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەندە، ئىسرائىل خەلقى مۇشۇ گۇۋاھلىقلار (بېشارەتلەر)نى توپ-توغرا ئىكەن، دەپ بىلىدۇ، شۇنىڭدەك بۇلاردا ھېچقانداق ئويدۇرمىلىق يوق، يەشايا ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەن، دەپمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.\f* \m \v 17 مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛ \m ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن.\f □ \fr 8:17 \ft \+bd «ئۆز يۈزىنى ئىسرائىل جەمەتىدىن يوشۇرىدىغان پەرۋەردىگار»\+bd* ــ خۇدا ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلغا، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ھېچ مۆجىزىنى كۆرسەتمەي، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىمايدۇ. ھالبۇكى، يەشايا ۋە ئۇنىڭ گېپىگە كىرگەن خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈمىدسىزلەنمەي، يەشاياغا ئوخشاش «پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ ئۇنى ساقلىماقتا» ئىدى.\f* \m \v 18 قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، \m بىز زىئون تېغىنى ئۆز ماكانى قىلغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلدا نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز».\f □ \fr 8:18 \ft \+bd «قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، بىز ... نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغۇچى بولسا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى؛ بىراق «ئىممانۇئېل»مۇ ئۇ ئارقىلىق بېشارەتلىك سۆز قىلىۋاتىدۇ («ئىبر.» 13:2نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 8:18 \xt ئىبر. 2‏:13\x* \m \v 19 ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار.\x + \xo 8:19 \xt قان. 18‏:11\x* \m \v 20 ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ! \v 21 ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛ \v 22 ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت، قاراڭغۇ-زۇلمەت، ھەسرەت-نادامەت ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ؛ \m ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇققا ھەيدىۋېتىلىدۇ. \f □ \fr 8:22 \ft \+bd «ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت ... ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ»\+bd* ــ ئىسرائىللار ئاسماندىكى ياردەمنى رەت قىلغاندىن كېيىن، يەر-يۈزىدىن ھېچ ئۈمىد بولمايلا قالماي، ھەممىسى زۇلمەت بولىدۇ.\f*  \x + \xo 8:22 \xt يەش. 5‏:30\x* \b \b \m \c 9 \s1 ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلغۇچى بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ــ خۇش خەۋەر \m \v 1 بىراق، ھەسرەت-نادامەتكە قالغانلارغا زۇلمەت بولىۋەرمەيدۇ؛ \m ئۇ ئۆتكەن زامانلاردا زەبۇلۇن زېمىنىنى ۋە نافتالى زېمىنىنى خار قىلدۇرغان؛ \m بىراق كەلگۈسىدە ئۇ مۇشۇ يەرنى، يەنى «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيەگە، جۈملىدىن «دېڭىز يولى» بويىدىكى جايلار ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىغا شان-شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ \f □ \fr 9:1 \ft \+bd «ھەسرەت-نادامەتكە قالغان»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە، ئىبرانىي تىلىدا «ئايالچە رود»تىكى ئىسىم بولۇپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالغا تەسەللى بەرگەندەك خۇدا نافتالىلار ۋە زەبۇلۇنلارغا تەسەللى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd ««يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيە»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، نافتالى، زەبۇلۇن ۋە باشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسىملىرى ئەسىرگە چۈشۈپ ئېلىپ كېتىلدى. بىر قىسىم كەمبەغەل، نامرات، قابىلىيەتسىز كىشىلەر قالدۇرۇلدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى باشقا مىللەت-خەلقلەرنى ئېلىپ كېلىپ شۇ يەرگە، بولۇپمۇ گالىلىيەگە ئولتۇراقلاشتۇردى. مۇشۇ كىشىلەر قېپقالغان نامرات ئىسرائىللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ، ئۆز-ئارا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنغاچقا، گالىلىيە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ««يات ئەللەر» (يەھۇدىي ئەمەسلەر)نىڭ ماكانى گالىلىيە» دەپ كەمسىتىلىپ ئاتالغان. \fp بېشارەتكە ئاساسەن، نۇر دەل شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئىنجىل «مات.» 15:4-ئايەتتىن كۆرۈڭ. \+bd «دېڭىز يولى»\+bd* ــ «گالىلىيە دېڭىزى»نىڭ غەربىي يەرلىرى.\f*  \x + \xo 9:1 \xt مات. 4‏:15\x* \m \v 2 قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛ \m ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا، \m دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى.\f □ \fr 9:2 \ft \+bd «قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى... دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «نۇر» شۈبھىسىزكى، مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىدۇر (6-7-ئايەتنى كۆرۈڭ). بىز مۇشۇ بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىنجىلدىن كۆرىمىز. مەسىھ ئەيسا دەل 1-ئايەتتىكى تۆت جايدا ئۇلۇغ خىزمىتىنى، يەنى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش، مۆجىزىلەرنى يارىتىشنى باشلىدى. ئۇ خىزمەت قىلغان ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بەلكىم مۇشۇ جايلاردا ئۆتكۈزگەن. \fp بۇ بېشارەتتىكى پېئىللارنىڭ ھەممىسى «ئۆتكەن زامان» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. بۇ خىل شەكىلدىكى بېشارەت «يەشايا»دا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ جەزمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 9:2 \xt مات. 4‏:15،16؛ ئ‍ەف. 5‏:14\x* \m \v 3 ــ سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، \m ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ؛ \m خەلقلەر ھوسۇل ۋاقتىدا شادلانغاندەك، \m جەڭ ئولجىسىنى ئۈلەشتۈرگەن ۋاقىتتا خۇشاللىققا چۆمگەندەك، \m ئۇلار ئالدىڭدا شادلىنىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىكى كۆپ باشقا بېشارەتلەرگە ئوخشاش، كەلگۈسىدىكى، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلار ئۆتۈپ بولغان ئىشلاردەك تىلغا ئېلىنىدۇ.\f* \m \v 4 چۈنكى مىدىياننىڭ \add ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان\add* كۈنگە ئوخشاش، \m سەن ئۇنىڭغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى، \m مۈرىسىگە چۈشكەن ئەپكەشنى، \m ئۇلارنى ئەزگۈچىنىڭ تايىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «مىدىيان ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈن»\+bd* ــ تەخمىنەن 500 يىل ئىلگىرى ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ ئاسارىتىدىن خۇدانىڭ كارامەتلىرى بىلەن قۇتۇلغان.\f*  \x + \xo 9:4 \xt ھاك. 7‏:22؛ يەش. 10‏:26\x* \m \v 5 چۈنكى \add لەشكەرلەرنىڭ\add* ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى، \m قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ.\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «چۈنكى لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى... پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ»\+bd* ــ خۇدا ئۇلارغا شۇنداق بەرىكەتلەرنى بېرىدۇكى، مۇشۇ غەلىبە بولغاندىن كېيىن (ئۇلار ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن قىلغان غەلىبە) ئۇلار شۇ لەشكەرلەرنىڭ قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى كېرەك بولمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت يېقىلغۇ ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 6 چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ \m بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ \m ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.\f □ \fr 9:6 \ft \+bd «بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى»\+bd* ــ بۇ بېشارەت گەرچە كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى پېئىللارنىڭ ھەممىسى «ئۆتكەن زامان» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. يۇقىرىقى 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە»\+bd* ــ ياكى «ئامان-خاتىرجەملىك بەرگۈچى شاھزادە».\f*  \x + \xo 9:6 \xt يەش. 11‏:2؛ 22‏:22؛ لۇقا 2‏:10،11؛ يـۇھ. 4‏:10\x* \m \v 7 ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، \m شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، \m ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، \m ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ. \f □ \fr 9:7 \ft \+bd «ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا... ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ...»\+bd* ــ مۇشۇ ئىككى ئايەت (6-7-ئايەت) يۇقىرىقى «ئىممانۇئېل»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەرنى تەكرارلىساق: ــ \fp (ئا) ئۇ ئىسرائىل ئۈچۈن قۇتقۇزغۇچىدۇر. بۇ بابتىكى 1-6-ئايەتتىكى غەلىبە ۋە بەخت بۇ بالا سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. \fp (ئە) ئۇ پاك قىزدىن تۇغۇلىدۇ (7-باب، 14-ئايەت). \fp (ب) ئۇ بەلكىم كەمبەغەل ۋە دۈشمەننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەھۋالدا تۇغۇلىدۇ (7-باب، 15- ۋە 17-ئايەت). \fp (پ) ئۇ داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدۇ. خۇدا داۋۇتقا ۋەدە بەرگەنكى، ئۇنىڭ بىر ئەۋلادى ئىسرائىلغا ۋە ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا پادىشاھ بولىدۇ. (زەبۇر، 18-كۈي، 22-كۈي، 72-كۈيلەرنى كۆرۈڭ) \fp (ت) بۇ بالىدا خۇدانىڭ تەبىئىتى بولىدۇ (6-ئايەت). ئۇ «قۇدرەتلىك تەڭرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «كارامەت» دېگەن سۈپەت، پەقەت خۇدا ۋە خۇدانىڭ قىلغانلىرى توغرۇلۇقلا ئىشلىتىلىدۇ. \fp (ج) بۇ بالا ئاخىردا پۈتۈن ئالەمگە ئامان-خاتىرجەملىكنى يەتكۈزىدۇ. «ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ». \fp بۇلاردىن سىرت مۇشۇ ئايەتلەردە نۇرغۇن ساۋاق-خەۋەرلەر بار، مۇشۇ يەردە سەھىپە چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە توختالمايمىز. \fp بۇ بالىنىڭ كىم ئىكەنلىكى پەقەت ئىنجىلدىكى بايانلاردىلا ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ. ئۇ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلغان مەسىھ ئەيسانىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىرى بولۇشىنىڭ قەتئىي مۇمكىنچىلىكى يوقتۇر.\f*  \x + \xo 9:7 \xt 2پاد. 19‏:31؛ يەش. 37‏:32\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»قا بولغان غەزىپى \m \v 8 رەب ياقۇپ جەمەتىگە بىر سۆز ئەۋەتتى، \m ئۇ پات ئارىدا ئىسرائىلغا چۈشىدۇ،\f □ \fr 9:8 \ft \+bd «رەب ... بىر سۆز ئەۋەتتى، ... ئىسرائىلغا چۈشىدۇ»\+bd* ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ ئايەتلەردە (8-21دە) شىمالىي پادىشاھلىقنى كۆرسىتىدۇ. «چۈشىدۇ» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ بىر جازاسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 9 بارلىق خەلق، يەنى ئەفرائىم ۋە سامارىيەدىكىلەر شۇ \add سۆزنىڭ\add* توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،: ــ \m لېكىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ يوغىنلىق قىلىپ، ئۇلار: ــ \m \v 10 ــ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، \m بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز؛ \m ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى، \m بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېدىر دەرەخلىرىنى ئىشلىتىمىز» ــ دېيىشىدۇ؛\f □ \fr 9:10 \ft \+bd «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز...»\+bd* ــ دېمەك، «پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيە جازاسى بولغان زىياننى تارتقان بولساقمۇ، بىز يەنىلا ئۇنىڭ تەربىيە جازاسىغا پىسەنت قىلماي، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشنى بەرپا قىلىمىز» (تاشلار خىشلاردىن، كېدىر دەرەخلىرى ئېرەن دەرەخلىرىدىن ياخشى، ئەلۋەتتە). يەروبوئام II پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، خۇدا (شىمالىي) ئىسرائىلدا چوڭ بىر يەر تەۋرەشنى پەيدا قىلغان؛ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى،... ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى،...» دېگەن سۆزلەر بەلكىم شۇ يەر تەۋرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.\f* \m \v 11 شۇڭا پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى \add ئىسرائىلغا\add* قارشى كۈچلەندۈردى، \m \add ياقۇپنىڭ\add* دۈشمەنلىرىنى قوزغىدى.\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى ئىسرائىلغا قارشى كۈچلەندۈردى...»\+bd* ــ 7-بابتىكى مەزمۇنغا قارىغاندا، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ئىسرائىل بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. مۇشۇ سۆزگە قارىغاندا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن ئىتتىپاقى كېيىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىسرائىلغا قارشى چىقىشى بىلەن ئۇمۇ ئىسرائىلغا قارشى قوزغىلىدۇ.\f* \m \v 12 شەرقتىن سۇرىيەلىكلەر، غەرەبتە فىلىستىيلەر، \m ئۇلار ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالىدۇ. \m ئىشلار شۇنداق دېيىلگەندەك بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، \m سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.\x + \xo 9:12 \xt يەش. 5‏:25؛ 10‏:4\x* \m \v 13 بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى، \m ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ. \m \v 14 شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى، \m پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛ \m \v 15 مويسىپىت ۋە مۆھتەرەملەر بولسا باشتۇر؛ \m يالغانچىلىق ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ــ قۇيرۇقتۇر. \m \v 16 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، \m يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ. \m \v 17 شۇڭا رەب ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپمايدۇ، \m يېتىم-يېسىرلىرى ۋە تۇل خوتۇنلىرىغا رەھىم قىلمايدۇ؛ \m چۈنكى ھەربىرى ئىپلاس ۋە رەزىللىك قىلغۇچى، \m ھەممە ئېغىزدىن چىققىنى پاسىقلىقتۇر. \m ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، \m سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.\x + \xo 9:17 \xt يەش. 10‏:6\x* \m \v 18 چۈنكى رەزىللىك ئوتتەك كۆيىدۇ، \m ئۇ جىغان ۋە تىكەنلەرنى يۇتۇۋالىدۇ؛ \m ئۇ ئورماننىڭ باراقسان جايلىرى ئارىسىدا تۇتىشىدۇ، \m ئۇلار ئىس-تۈتەكلىك تۈۋرۈك بولۇپ پۇرقىراپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛\x + \xo 9:18 \xt يەش. 5‏:24؛ 24‏:6\x* \m \v 19 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ دەرغەزىپى بىلەن زېمىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ، \m خەلق بولسا ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ، خالاس؛ \m ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ.\f □ \fr 9:19 \ft \+bd «...ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ»\+bd* ــ يەروبوئام II ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغاندىن كېيىنكى 28 يىل ئىچىدە، كۆپ كىشىلەر تەختنى تالىشىپ ئۇرۇشتى. جەمئىي 6 پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان، ئىچكى ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ بولغانىدى.\f* \m \v 20 بىرسى ئوڭ تەرەپتە گۆش كېسىپ يەپ، تويمايدۇ، \m سول تەرەپتىن يالماپ يەپمۇ، قانائەتلەنمەيدۇ؛ \m ھەركىم ئۆز بىلىكىنى يەيدۇ؛ \m \v 21 مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىمۇ يەھۇداغا قارشى تۇرىدۇ. \m ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، \m سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. \f □ \fr 9:21 \ft \+bd «مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ...»\+bd* ــ ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ بولسا ئىسرائىل پادىشاھلىقىدىكى ئىككى ئەڭ چوڭ قەبىلە. يۇقىرىقى ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ ئىدى. ئۇنداق ئىشلار يەشايا دېگىنىدەك، «ئۆز بىلىكىنى ئۆزى يەيدىغان» ئىشتۇر.\f* \b \b \m \c 10 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇداغا بولغان غەزىپى \m \v 1 قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، \m ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي! \m \v 2 تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، \m يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ، \m ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، \m خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ. \m \v 3 ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، \m يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، \m نېمە قىلىسىلەر؟ \m كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ \m بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «ھېساب ئالىدىغان كۈنى»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلىنسا، «خۇدا يوقلاپ كېلىدىغان كۈنى» دېگەنلىك بولىدۇ.\f* \m \v 4 ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، \m ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! \m ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، \m سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبقا قارىتا بىر سۆزى \m \v 5 قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، \m ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي!\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «(ئۇلارنىڭ) قولىدىكى توقماق مېنىڭ غەزىپىم بولغان،...».\f*  \x + \xo 10:5 \xt يەش. 36‏:1؛ يەر. 25‏:9؛ ئ‍ەز. 21‏:14\x* \m \v 6 مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، \m دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ \m ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، \m غەنىيمەتنى بۇلاشقا، \m \add خەلقىمنى\add* كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن.\f □ \fr 10:6 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا...بۇيرۇيمەن»\+bd* ــ يەشايانىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى (ماھار-شالال-خاش-باز)نىڭ مەنىسىنى مۇشۇ ئايەتتتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ: «ئولجىغا ئالدىرا! غەنىيمەتكە چاپسان بول!». بۇ سۆزلەر يەنە 2-ئايەتتە تېپىلىدۇ؛ خۇدا يەھۇدادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ.\f* \m \v 7 بىراق \add ئاسۇرىيەلىكنىڭ\add* كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، \m ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. \m ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، \m كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «بىراق ئاسۇرىيەلىكنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس...»\+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ مەقسىتى ئاسۇرىيە پادىشاھى ئارقىلىق ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى جازالاش ئىدى. بىراق ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇشۇ ئىشتىن ھېچ خەۋەرسىز بولۇپ، پەقەت ئۆز شەخسىي مەنپەئەت-ھوقۇقلىرىنى، بايلىق-شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش كويىدا ئىدى. مۇشۇ ئايەت بىزگە، ھەممىگە قادىر ھەتتا رەھىمسىز ۋە خۇداسىز شەخسلەر، ئەللەر ۋە ئىمپېرىيەلەر ئارقىلىقمۇ ئۆز مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ.\f* \m \v 8 ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى ئاۋۋال پادىشاھلار بولغان ئەمەسمۇ؟»\f* \m \v 9 كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، \m خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، \m سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 10:9 \ft \+bd «كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ دېمەك، مەن كالنو، خامات ۋە دەمەشقنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەرنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاسانلا بويسۇندۇرىمەن. ھەربىر جۈپ شەھەرنىڭ ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئۇنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى كېيىنرەك قولىغا ئالغان. \fp كالنو ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 738-يىلى؛ كارشېمىش 717-يىلى؛ \fp خامات 738-يىلى؛ ئارپاد 740-يىلى؛ \fp سامارىيە -721-720يىلى؛ دەمەشق 732-يىلى ئېلىنغان.\f* \m \v 10 مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، \m مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا، \m \v 11 سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ. \m \v 12 بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ \m «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى \add ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن\add*، \m ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ. \m \v 13 چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، \m ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ \m چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ \m مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، \m ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، \m تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛ \m \v 14 مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، \m بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ \m ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، \m تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، \m ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ. \m \v 15 پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ \m ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ \m شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، \m خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟!\f □ \fr 10:15 \ft \+bd «ياغاچ ئەمەس بولغۇچى»\+bd* ــ ھاسىنى ئىشلەتكەن ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 16 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ \add ئاسۇرىيەلكنىڭ\add* پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، \m ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ.\f □ \fr 10:16 \ft \+bd «ئاسۇرىيەلكنىڭ پالۋانلىرى»\+bd* ــ «پالۋان» ئىبرانىي تىلىدا «سېمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ «سېمىزلارغا ئورۇقلۇق ئەۋەتىمەن». بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى -36، 37-بابتىن كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:16 \xt يەش. 24‏:6\x* \m \v 17 «ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، \m ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، \m ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ. \m \v 18 ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ \m ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. \m \v 19 بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، \m كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ.\f □ \fr 10:19 \ft \+bd «ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەر»\+bd* ــ بەلكىم ئاسۇرىيەدىكى دەرەخلەرنىمۇ، ئادەملەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \v 20 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ.\f □ \fr 10:20 \ft \+bd «ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچى»\+bd* ــ بۇ ئاسۇرىيەنى ياكى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 21 بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، \m يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.\f □ \fr 10:21 \ft \+bd «بىر قالدىسى قايتىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ يەشايانىڭ بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى (شېئار-جاشۇب)دۇر. «قايتىپ كېلىش» ــ شۈبھىسىزكى، ھەم توۋا قىلىش ھەم ئۆز يۇرت-ۋەتىنىگە قايتىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەر ھەم ئىسرائىلدىكى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى ھەم ئاخىرقى زاماندىكى ئىسرائىلنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 22 ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، \m پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ \m \add چۈنكى\add* ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛\x + \xo 10:22 \xt رىم. 9‏:27،28\x* \m \v 23 چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.\f □ \fr 10:23 \ft \+bd «پۈتكۈل يەر يۈزىدە»\+bd* ــ ياكى پەلەستىندىكى (قانائاندىكى) زېمىننى ياكى پۈتكۈل يەر يۈزىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:23 \xt يەش. 28‏:22\x* \m \v 24 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، \m ئاسۇرىيەدىن قورقما! \m ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، \m ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،\f □ \fr 10:24 \ft \+bd «ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ھاسىسىنى مىسىردىكى تەبىقىدە ساڭا قاراپ كۆتۈرگەندەك بولسىمۇ،...». \fp «مىسىرلىقلاردەك... ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان» ــ ئىسرائىلنىڭ مىسىردا بولغان تارىخىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \fp «ھاسا كۆتۈرۈش» ــ بەلكىم جەڭ قىلىشنى جاكارلاشتۇر. قەدىمكى زاماندا، ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن ئۇلارنى ھالاك قىلماقچى بولۇپ، قوشۇنىنى ئەۋەتىپ قوغلىغان. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىردا ئۆزى ھالاك بولغان. ئاسۇرىيەلەر مىسىرلىقلارغا ئوخشاشلا ھالاك بولىدۇ، دېمەك. «مىس.» 1-15 بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 25 پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، \m سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، \m غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن. \m \v 26 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ \m ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، \m ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛\f □ \fr 10:26 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ»\+bd* ــ «ھاك.» 7-بابنى كۆرۈڭ. مىدىيانلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلىپ، خۇدانىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن مەغلۇپ بولدى. مىدىيانلارنىڭ سەردارى ئورەب قاچقان بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب قاچقىنى بىلەن ئۆز يۇرتىدا ئۆز ئوغۇللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى (37-بابنى كۆرۈڭ). \fp \+bd «ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ مىسىردىكى تەبىقىدە ھاسىىسنى كۆتۈرىدۇ» (24-ئايەتتىكى ئىبارە ئوخشاشتۇر). لېكىن «ھاسىىنى كۆتۈرگۈچى» مۇشۇ يەردە پەرۋەردىگار بولىدۇ؛ ئۇ «ئۇنى (ھاسىسىنى) مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن»دە، مىسىرلىقلار دېڭىزدا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى («مىس.» 14-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:26 \xt مىس. 14\x* \m \v 27 ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، \m ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، \m بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ \m مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، \m بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ. \f □ \fr 10:27 \ft \+bd «مايلىرىڭ سەۋەبىدىن»\+bd* ــ ئىسرائىل پادىشاھلىرى «مۇقەددەس ماي» بىلەن، يەنى «مەسىھ قىلىنىشى» بىلەن پادىشاھ قىلىنغان. مۇشۇ «ماي» خۇدا ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سېنىڭ سەمىرەپ كەتكىنىڭ ئۈچۈن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇلۇپ يوقىتىلىدۇ».\f* \b \m \s1 يەشايانىڭ ئاسۇرىيەنىڭ جەڭ يۈرۈشىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بايان قىلىشى \m \v 28 مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، \m مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛ \m \v 29 ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن، \m گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ \m راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ \m سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛ \m \v 30 ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! \m ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! \m ئى بىچارە ئاناتوت! \m \v 31 مادمەناھ بولسا قاچتى؛ \m گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛ \m \v 32 شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ \m ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، \m يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ. \f □ \fr 10:32 \ft \+bd «شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ ... يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ 28-32-ئايەتلەردە، يەشايا ئاسۇرىيە قوشۇنىنىڭ يېرۇسالېمغا قارىتىدىغان يۈرۈشىنى ئالدىن ئالا بېشارەت بېرىپ بايان قىلىدۇ. \fp ئايات بولسا يېرۇسالېمدىن 50 كىلومېتر، مىگرون 22 كىلومېتر، مىخماش 11 كىلومېتر يىراقتا؛ مىخماش داۋانىدىن ئۆتۈپ، گېباغا كېلىدۇ. گېبا يېرۇسالېمدىن 10 كىلومېتر، «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» 5 كىلومېتر، گاللىم 5.4 كىلومېتر، لائىش 4 كىلومېتر، ئاناتوت 3 كىلومېتر، مادمەناھ 1:5 كىلومېتر، گېبىم 800 مېتر، نوب تېغى بولسا پەقەت يېرۇسالېمدىكى سېپىلدىن 200 مېتر يىراقلىقتا. \fp قوشۇن «گېبادا قونۇپ قالىدۇ» ــ ئەسلىدە مىخماشتا قونۇشقا (بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن) توغرا كېلەتتى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىگە تولىمۇ ئىشەنچ قىلىپ بىخۇدلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگەندىكىدەك يۈز بەردى.\f* \b \m \s1 ئاسۇرىيە يوقىلىدۇ، «ئىممانۇئېل» تۇغۇلىدۇ \m \v 33 مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ \m ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ. \m \v 34 ئۇ تۆمۈر \add قوراللار\add* بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛ \m لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ.\f □ \fr 10:34 \ft \+bd «لىۋان»\+bd* ــ لىۋاندىكى كېدار دەرەخلىرى ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك ۋە ئەڭ باراقسان ئۆسىدۇ؛ مۇشۇ ئايەتتە «لىۋان» ئاسۇرىيەنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچ-قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا يەرلەردە بولسا، ئۇ ھامان ھاكاۋۇر كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن»\+bd* ــ 37-باب، 36-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 11 \s1 داۋامى \m \v 1 ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ \m ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ.\f □ \fr 11:1 \ft \+bd «بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ»\+bd* ــ يەسسە بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى. ئىبرانىيلار قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. بىراق مۇشۇ يەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ھەم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ھەم «يەسسەنىڭ يىلتىزى»مۇ (10:11نى كۆرۈڭ) بايان قىلىنىدۇ! بۇ ئىش پەقەت ئىنجىلدىلا چۈشەندۈرۈلگەن (مەسىلەن، «لۇقا» 41:20-44). \fp مۇشۇ ئايەتلەردە يەنە، مەسىھ «يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن» چىقىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇڭا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ خاندانلىقى ھەيۋەتلىك مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى مىسكىن مەزگىلىدە تۇغۇلىدۇ، دېگەن بېشارەت بېرىلىدۇ.\f*  \x + \xo 11:1 \xt يەش. 4‏:2؛ روس. 13‏:22،23\x* \m \v 2 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، \m يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، \m نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى، \m بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛\f □ \fr 11:2 \ft \+bd «يورۇتۇش روھى»\+bd* ــ ئادەمگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلىدىغان روھتۇر.\f*  \x + \xo 11:2 \xt يەش. 9‏:5\x* \m \v 3 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛ \m ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، \m ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ. \m \v 4 ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، \m يەر يۈزىدىكى مىسكىن-مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. \m ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، \m رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. \m \v 5 ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، \m چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بۆرەكلىرىگە باغلانغۇچى» دېيىلگەن. ئىبرانىي تىلىدا بۆرەكلەر ئادەمنىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكرىلىرى ۋە ۋىجدانىنى بىلدۈرىدۇ \fp چاتراقلىق» ــ ئادەمنىڭ چاترىقىغا يۆگەپ كىيىلىدىغان ئىچكى كىيىم. \fp \+bd «چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئىچ كىيىملەر بەدەنگە چاپلاشقىنىدەك، ھەققانىيلىق ۋە سادىقلىق ئۇنىڭدىن ھېچ ئايرىلمايدۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن بولىدۇ.\f* \m \v 6 بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، \m يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە، \m موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ \m ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ.\x + \xo 11:6 \xt يەش. 65‏:25؛ ھوش. 2‏:20\x* \m \v 7 كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، \m ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، \m شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ. \m \v 8 ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، \m ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوۋىسىغا تىقىدۇ؛ \m \v 9 مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ \m ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ \m چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، \m پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. \b \m \v 10 شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ \m بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ \m ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان-شەرەپكە تولىدۇ.\x + \xo 11:10 \xt رىم. 15‏:12\x* \m \v 11 شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.\f □ \fr 11:11 \ft \+bd «رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن...»\+bd* ــ «ئىككىنچى قېتىم» ــ بىرىنچى قېتىمقى بولسا بەلكىم بابىلدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى) بولىدۇ. بىراق يەشايا مۇشۇ يەردە ئاخىرقى زامانلاردا بولىدىغان بىر «قايتىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بەزى ئالىملار «بىرىنچى قېتىمقى» قايتىشمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇشى كېرەك، شۇڭا يەشايا ئىككى «چوڭ قايتىش» توغرۇلۇق بېشارەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. \+bd «رەب ... قالدىسىنى ... ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ۋە مىسىر ئاشۇ دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىدى؛ پاتروس ۋە كۇش مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (ھازىرقى ئېفىئوپىيە)، ئېلام ۋە شىنار شەرق تەرىپىدە (ئاسۇرىيەدىن يىراق)، خامات ئىراقنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىدى. دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربى ئارقىلىق ئۆتكىلى بولىدۇ. دېمەك، مەيلى كۈچلۈك، مەيلى ئاجىز دۆلەتلەر بولسۇن، ئاخىرقى زاماندا خۇدا ئۆز خەلقىنى ھەر تەرەپتىن چاقىرىپ يىغىدۇ.\f* \m \v 12 ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ. \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ، \m يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ \m ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ، \m يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ.\f □ \fr 11:13 \ft \+bd «ئەفرائىم»\+bd* ــ ئەفرائىم ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»غا، يەھۇدا «جەنۇبىي پادىشاھلىقى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ.\f* \m \v 14 بىراق ئۇلار غەرب تەرەپتە فىلىستىيلەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چۈشىدۇ؛ \m ئۇلار بىرلىكتە شەرقتىكى خەلقلەردىن ئولجا ئالىدۇ؛ \m ئۇلار ئېدوم ۋە موئاب ئۈستىگە قوللىرىنى ئۇزارتىدۇ؛ \m ئاممونىيلارمۇ ئۇلارغا بېقىنىدۇ. \m \v 15 پەرۋەردىگار مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى»نى يوق قىلىدۇ؛ \m ئۇ كۈچلۈك پىژغىرىن شامال بىلەن \add ئەفرات\add* دەرياسىنىڭ ئۈستىگە قولىنى بېغىرلىتىپ ئۇچۇرىدۇ، \m ئۇنى ئادەم ئايىغى قۇرۇق ھالدا مېڭىپ ئۆتكۈدەك يەتتە ئېرىق قىلىپ ئۇرىدۇ؛\f □ \fr 11:15 \ft \+bd «مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى... ئەفرات دەرياسى...»\+bd* ــ مۇشۇ يەرلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن، \m مىسىردىن چىققان كۈنىدە ئىسرائىل ئۈچۈن تەييارلىغان يولغا ئوخشاش، \m ئاسۇرىيەدە قالغانلار ئۈچۈن ئاشۇ يەردىن كېلىدىغان بىر كۆتۈرۈلگەن ئېگىز يول بولىدۇ. \x + \xo 11:16 \xt مىس. 14‏:29\x* \b \b \m \c 12 \s1 ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى بىر ناخشىسى \m \v 1 ــ ۋە شۇ كۈنى سەن: ــ \m ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛ \m سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن، \m غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى، \m ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ. \m \v 2 مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛ \m مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن، \m ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛ \m ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن.\f □ \fr 12:2 \ft \+bd «ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر...»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇشۇ تەرجىمىسىدە بىز خۇدانىڭ «ياھۋەھ» ياكى «جەخوۋاھ» دېگەن نامىنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» دېگەن بۇ نامىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر.\f* \m \v 3 ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر.\x + \xo 12:3 \xt يـۇھ. 7‏:37،38\x* \m \v 4 شۇ كۈنىدە سىلەر: ــ \m «پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار، \m ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛ \m ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار، \m ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار.\x + \xo 12:4 \xt يـۇھ. 17‏:1،4،6،26\x* \m \v 5 پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛ \m مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن! \m \v 6 زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛ \m چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر. \b \b \m \c 13 \s1 بابىلنىڭ ۋەيران قىلىنىشى \m \v 1 ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ \f □ \fr 13:1 \ft \+bd «يۈكلەنگەن ۋەھىي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ «ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. \fp مۇشۇ بابتىكى بېشارەتلەر بەلكىم «ئاخىرقى زاماندىكى بابىل»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىراق 17-22-ئايەتلەر قەدىمكى دۇنيادىكى بابىلنىڭ پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىدا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.\f* \m \v 2 \add بابىل\add* ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، \m قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، \m ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، \m قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار.\f □ \fr 13:2 \ft \+bd «قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار...»\+bd* ــ تاغ قاقاس-قۇرۇق بولسا، تۇغ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. تۇغنىڭ ئۆزى جەڭگە چاقىرىدىغان ئىشارەتتۇر.\f* \m \v 3 مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن، \m ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم.\f □ \fr 13:3 \ft \+bd «مەخسۇس تاللىغانلىرىم»\+bd* ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇقەددەسلىرىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «مۇقەددەس» ئادەتتە «پاك، خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن مەنىدە. بىراق مۇشۇ يەردە بەلكىم «خۇدا ئۆزىنىڭ مەخسۇس مەقسىتى ئۈچۈن (مەيلى ئۆزلىرى بىلسۇن، بىلمىسۇن) ئايرىم قىلغانلار» دېگەن مەنىدە. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئوخشاشلا، مۇشۇ دۇنيادىكى تەكەببۇر ئادەملەرنى خۇدا ئۆز مەقسىتىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى يوقىتىش، شۇنداقلا پۈتكۈل رەزىل دۇنيانى ھالاك قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 4 ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، \m ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار \add جەڭگە\add* يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ. \m \v 5 ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى، \m يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن.\f □ \fr 13:5 \ft \+bd «يىراق يۇرتتىن... كەلگەن»\+bd* ــ دېمەك، پەلەستىندىن يىراق كەلگەن. مۇشۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش»، پەلەستىندە ۋە پەلەستىن ئەتراپىدىكى تاغلار ئۈستىدە يۈز بېرىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ. \fp خۇدا قوراللىرىنى «ئاسماننىڭ قەرىدىنمۇ» چاقىرىدۇ ــ بۇ جەڭلەرگە پەرىشتىلەرمۇ قاتنىشىدىغان ئوخشايدۇ.\f* \m \v 6 پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ \m ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ.\x + \xo 13:6 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13\x* \m \v 7 بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، \m ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ. \m \v 8 ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ \m ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، \m تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، \m ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ \m يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 13:8 \ft \+bd «يۈزلىرى... يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بەلكىم شەرمەندە بولغانلىقىدىن بولغان.\f* \m \v 9 مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، \m شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، \m رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ \m ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ. \m \v 10 چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ \m قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، \m ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ.\x + \xo 13:10 \xt ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31؛ 3‏:15؛ مات. 24‏:29؛ مار. 13‏:24؛ لۇقا 21‏:25\x* \m \v 11 مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، \m قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ \m ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ \m زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن. \m \v 12 مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، \m ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن.\f □ \fr 13:12 \ft \+bd «ئوفىردىكى ئالتۇن»\+bd* ــ ئوفىر رايونىدىكى ئالتۇن ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، سۈپەتلىك ئالتۇن دەپ قارىلاتتى.\f* \m \v 13 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، \m ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، \m مەن \add خۇدا\add* ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، \m يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛ \m \v 14 شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك، \m ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك، \m ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ، \m ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛ \m \v 15 قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ \m ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ. \m \v 16 ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، \m ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. \m \v 17 مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، \m ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، \m ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ. \f □ \fr 13:17 \ft \+bd «مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن...»\+bd* ــ بېشارەتنىڭ تېمىسى بابىللىقلارغا يېنىپ كېلىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتلەر (2-16)، شۈبھىسىزكى، پەقەت بابىلنىلا ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى زاماندىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دىكى پۈتۈن دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. \fp مېدىئالىقلار «... كۈمۈشلەر... ئالتۇنلار»غا قىزىقمايدۇ ــ دېمەك، ئۇلارنى ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن پۇل بېرىش كار قىلمايدۇ.\f* \m \v 18 ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ، \m ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ، \m كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ.\f □ \fr 13:18 \ft \+bd «بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى»\+bd* ــ قورساقتىكى تۆرەلمىنى ياكى كىچىك بوۋاقنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 19 پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى، \m كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا، \m خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ.\f □ \fr 13:19 \ft \+bd «سودوم ۋە گوموررا»\+bd* ــ قەدىمكى زاماندىكى ئىككى رەزىل شەھەر. خۇدا ئۇلارنى ئوت بىلەن ۋەيران قىلغان. «يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:19 \xt يار. 19‏:25؛ يەش. 1‏:9؛ يەر. 49‏:18؛ 50‏:40\x* \m \v 20 ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ، \m دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. \m ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ، \m مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ.\x + \xo 13:20 \xt يەر. 50‏:39\x* \m \v 21 بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ، \m ئۇلارنىڭ \add خاراب\add* ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ، \m ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، \m «ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ.\f □ \fr 13:21 \ft \+bd «ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار»\+bd* ــ ياكى «ھۇۋقۇش-مۈشۈكياپىلاقلار». \+bd «ئۆچكە جىنلار»\+bd* ــ مۇشۇ جىنلار بەلكىم ئۆچكە شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 22 ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا، \m چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ، \m بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى، \m ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. \b \b \m \c 14 \s1 بابىلنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئىسرائىل خۇدانىڭ رەھىمىنى كۆرىدۇ. بابىلنىڭ پادىشاھىنىڭ تەھتىساراغا چۈشۈشى \m \v 1 چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، \m يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. \m شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، \m ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ. \f □ \fr 14:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛....»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇغان بولسا ئېسىدە بار بولىدۇكى، خۇدا ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن. يەھۇدىي خەلقى (ئىسرائىللار) ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا «يەشايا» كىتابىدا، «ياقۇپ» ياكى «ئىسرائىل» ئادەتتە يەھۇدىيلار، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېكىست ھەزرىتى ياقۇپ (ئىسرائىل)نىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئىزاھات بېرىمىز.\f* \v 2 ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۇلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىدۇ؛ \m ئىسرائىل جەمەتى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا ئۇلارغا قۇل ۋە دېدەك سۈپىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنى تۇتىدۇ؛ \m ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. \m \v 3 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، \m پەرۋەردىگار سىلەرگە ئازابتىن، ساراسىمىدىن ۋە ئەسىر بولۇپ مەجبۇرلانغان مۇشەققەتلىك قۇللۇقتىن ئاراملىق بەرگەن كۈنىدە،\x + \xo 14:3 \xt قان. 28‏:48\x* \m \v 4 سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ \m «قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى، \m تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى! \m \v 5 پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ ھاسىسىنى، \m ھاكىملارنىڭ زاكون تايىقىنى، \m \v 6 يەنى خەلق-مىللەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغاننى، \m ئەللەرگە غەزەپ قىلىپ تىزگىنسىز زىيانكەشلىك قىلغاننى سۇندۇرۇۋەتتى. \m \v 7 پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ \m ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ. \m \v 8 قارىغايلار بولسا ھالىڭدىن شادلىنىدۇ، \m لىۋاندىكى كېدىرلارمۇ: ــ «سەن گۆرۈڭدە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، \m ھېچبىر كەسكۈچى بىزنى قورقاتمايدۇ!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 14:8 \ft \+bd «قارىغايلار» ۋە «كېدىرلار»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ھەرخىل پادىشاھلار ياكى پادىشاھلىقلارنى كۆرىستىدۇ. كېدىر دەرىخى بولسا يوغان، ئىنتايىن چىرايلىق دەرەخ بولۇپ، ئۇلۇغ پادىشاھلارنى ياكى پادىشاھلىقلارنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 9 سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛ \m سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى، \m جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛ \m ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛ \m \v 10 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟ \m بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!»\f □ \fr 14:10 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى (ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى) ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟»\+bd* ــ خۇداغا ئېتىقاد قىلمىغان، تەھتىسارادا ياتقان ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ يەردە ئايان قىلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئالەمدىكىلەرگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھالى ئاللىقاچان «بوشاپ كەتكەن» بولىدۇ.\f* \m \v 11 سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛ \m ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ، \m ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ. \m \v 12 ئى چولپان، سەھەر بالىسى، \m سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن! \m ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى، \m سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ!\f □ \fr 14:12 \ft \+bd «ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى بېشارەتلەردە، كۆرۈنگەن مەنزىرە بابىل پادىشاھىدىن دەججال ۋە دەججالنىڭ كەينىدىكى كۈچ-يۆلەنچۈكى بولغان شەيتانغا يۆتكىلىدۇ. دەججال بەلكىم كەلگۈسىدە بابىلنىڭ پادىشاھىمۇ بولىدۇ. شەيتاننىڭ ئەسلىدە چىرايلىق، كۈچلۈك، پارلاق بىر پەرىشتە، يەنە «چولپان» بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەردىمۇ يۇلتۇزلار ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ. \+bd «سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن يەر يۈزىگە كېسىۋېتىلدىڭ».\f* \m \v 13 سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، \m تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ \m مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، \m يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛\f □ \fr 14:13 \ft \+bd «جامائەتنىڭ تېغىدا»... «شىمال تەرەپلەردە»\+bd* ــ بەلكىم پەرىشتىلەرنىڭ ساماۋى جامائىتىنى ياكى ئىسرائىلنىڭ جامائىتىنى بىلدۈرىدۇ ــ دېمەك، شەيتان خۇداغا مەنسۇپ بولغان جامائەتنىڭ تېگىشلىك ئىبادىتىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا قىزىقىدۇ.\f*  \x + \xo 14:13 \xt زەب. 48‏:2\x* \m \v 14 مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛ \m ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» ــ دېدىڭ.\f □ \fr 14:14 \ft \+bd «يۇلتۇزلار... بۇلۇتلار...»\+bd* ــ 13- ۋە 14-ئايەتتىكى «يۇلتۇزلار» ۋە «بۇلۇتلار» بەلكىم پەرىشتىلەر، ئاسماندىكى ساماۋى قوشۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 15 ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، \m چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». \m \v 16 سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: ــ \m «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟ \m \v 17 يەر يۈزىنى چۆل-باياۋان قىلىپ، \m ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى غۇلاتقان، \m تۇتقان ئەسىرلەرنى ئۆز يۇرتىغا ھېچ قويۇپ بەرمىگەن مۇشۇمىدۇ؟» ــ دېيىشىدۇ. \m \v 18 مانا ئەللەرنىڭ شاھلىرى بىرىمۇ قالماي «شان-شەرەپ»تە، \add قاراڭغۇلۇقتىكى\add* ئۆز ئۆيىدە يېتىشىدۇ،\f □ \fr 14:18 \ft \+bd «قاراڭغۇلۇقتىكى ئۆز ئۆيى»\+bd* ــ ھەم يەر يۈزىدىكى مازارى ھەم تەختىسارادا ياتقان جاينىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 19 بىراق سەن كەمسىتىلگەن \add چىرىگەن\add* بىر شاخ كەبى، \m ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا، \m قىلىچ بىلەن سانجىلغان، ھاڭنىڭ تەھتىگە چۈشىدىغانلارغا ئوخشاش، \m ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ-چەيلەنگەن ئۆلۈكتەك، \m ئۆز گۆرۈڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلىۋېتىلدىڭ.\f □ \fr 14:19 \ft \+bd «ھاڭنىڭ تەھتىگە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھاڭنىڭ تاشلىرىغا».\f* \m \v 20 سەن ئاشۇ پادىشاھلار بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنمايسەن، \m چۈنكى ئۆز يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلغانسەن، \m ئۆز خەلقىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنسەن؛ \m رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ نەسلى ھەرگىز يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ.\x + \xo 14:20 \xt ئايۇپ 18‏:19؛ زەب. 21‏:10؛ 37‏:28؛ 109‏:13\x* \m \v 21 ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، \m ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قەتل قىلىشقا تەييار قىلىڭلار؛ \m شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، \m يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ.\f □ \fr 14:21 \ft \+bd «ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر تۇنجى «بابىل» شەھىرى، يەنى «بابىل مۇنارى» جايلاشقان شەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ نامىنى چوڭ كۆرسىتىپ، ئۆز شەھىرىنى پۈتكۈل يەز-زېمىننى باشقۇرىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى («يار.» 11-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 14:21 \xt مىس. 20‏:5؛ مات. 23‏:25\x* \m \v 22 چۈنكى مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، \m ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، \m ــ مەن بابىلدىن ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى، نەسىل-پەرزەنتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،\x + \xo 14:22 \xt ئايۇپ 18‏:19؛ زەب. 21‏:10؛ 37‏:28\x* \m \v 23 ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛ \m ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، \m ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 14:23 \ft \+bd «ھۇۋقۇش»\+bd* ــ باشقىچە تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇ چوقۇم خىلۋەت جايلاردا تۇرىدىغان بىر جانىۋار.\f*  \x + \xo 14:23 \xt يەش. 34‏:11؛ زەف. 2‏:14\x* \m \v 24 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، \m ــ مەن قانداق ئويلىسام، شۇنداق بولىدۇ؛ \m قانداق مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكسەم، شۇ تىكلىنىدۇ، \m \v 25 مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛ \m ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛ \m ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن، \m ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 14:25 \ft \+bd «ئۆز زېمىنىمدا ...ئۆز تاغلىرىمدا...»\+bd* ــ خۇدانىڭ «ئۆز زېمىنى»، «ئۆز تاغلىرى» بولسا ئىسرائىلنىڭ زېمىنى پەلەستىندۇر.\f* \m \v 26 مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر، \m مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر. \m \v 27 پەرۋەردىگار مۇنداق مەقسەتنى پۈككەنىكەن، \m كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ \m ئۇنىڭ قولى ئۇزارتىلغانىكەن، كىم ئۇنى ياندۇرالىسۇن؟\x + \xo 14:27 \xt 2تار. 20‏:6؛ ئايۇپ 9‏:12؛ پەند. 21‏:30؛ دان. 4‏:32\x* \b \m \s1 فىلىستىيە توغرۇلۇق بىر سۆز \m \v 28 ئاھاز پادىشاھ ئۆلگەن يىلىدا مۇنداق ۋەھىي يۈكلەندى: ــ \x + \xo 14:28 \xt 2پاد. 16‏:20\x* \m \v 29 ئى فىلىستىيە، ھەممىڭلار، \m «بىزنى ئۇرغان تاياق سۇندى» دەپ شادلانماڭلار؛ \m چۈنكى يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، \m ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ.\f □ \fr 14:29 \ft \+bd «يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ»\+bd* ــ ئاھاز ئۆلگەندە، فىلىستىيلەرنىڭ بەش شەھەر ئىتتىپاقدىشى ئاسۇرىيەگە قارشى يەھۇدا بىلەن بىر ئىتتىپاقنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەھۇدانىڭ يېڭى پادىشاھى ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. بېشارەت شۇ چاغدا بېرىلگەن (32-ئايەتنى كۆرۈڭ). يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ بېشارەتتە، ئىتتىپاقلىشىشنى رەت قىلىش، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا تايىنىش كېرەك، دېمەكچى (يەنە 32-ئايەتنى كۆرۈڭ). \fp «تاياق»، يەنى «يىلان» بەلكىم ئاھازنىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىن. فىلىستىيە ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىن بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغانىدى. ئاھاز پادىشاھ بەلكىم ئۇلار بىلەن ئاشۇ زېمىن ئۈستىدىن ئۇرۇشقان بولۇشى مۇمكىن (تەۋراتتىكى «2تار.» 28-بابنى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا بولسا فىلىستىيەگە تاقابىل تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋالىدۇ (تەۋراتتىكى «2پاد.» 18-بابنى كۆرۈڭ). شۇڭا ھەزەكىيا بەلكىم بېشارەتتىكى «زەھەرلىك يىلان» بولۇشى مۇمكىن. «دەھشەتلىك ئۇچار يىلان» بولسا، ئەڭ خەتەرلىك يىلان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن تولۇق قۇتقۇزىدىغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن يوقسۇللارنىڭ تۇنجى بالىلىرى ئوزۇقلىنىدۇ، \m مۆمىنلەر بولسا تىنچ-ئامانلىقتا ياتىدۇ؛ \m بىراق مەن يىلتىزىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن يوقىتىمەن \m قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 14:30 \ft \+bd «قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئوخشاشلا ئاچارچىلىقتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.\f* \m \v 31 شۇڭا ئى قوۋۇق، نالە كۆتۈرگىن، \m ئى شەھەر، پەرياد چەككىن! \m ئى فىلىستىيە، سەن بولساڭ ئېرىپ كەتكەنسەن! \m چۈنكى شىمال تەرەپتىن ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ؛ \m ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنلىرىدا ھېچكىم سەپسىز قالمايدۇ.\f □ \fr 14:31 \ft \+bd «ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ»\+bd* ــ بەلكىم دۈشمەن قوشۇنلىرى پۇرقىرىتىدىغان چاڭ-توزاڭلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇشۇ ئايەتنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكىسىنى چۈشىنىش تەس.\f* \m \v 32 ئەمدى بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ــ \m «زىئوننى تىكلىگۈچى پەرۋەردىگاردۇر؛ \m ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدىكى ئېزىلگۈچىلەر ئۇنىڭدىن باشپاناھ تاپىدۇ» ــ دېگىن!» \f □ \fr 14:32 \ft \+bd «بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرى»\+bd* ــ فىلىستىيلەرنىڭ ئەلچىلىرى بولسا كېرەك.\f* \b \b \m \c 15 \s1 موئاب توغرۇلۇق بىر بېشارەت \m \v 1 موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ \m ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ \m ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛\x + \xo 15:1 \xt يەر. 48‏:1؛ ئ‍ەز. 25‏:9؛ ئام. 2‏:1\x* \m \v 2 يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن، \m مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا \add بارلىق\add* ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛ \m موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ \m ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، \m جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى.\f □ \fr 15:2 \ft \+bd «مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا... چىقتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «مانا ئۇ باجىت، دىبون دېگەن جايلارغا، ... چىقتى». \fp مۇشۇ ئايەتتە يەشايا موئابىيلارنىڭ بۇتخانىلىرىدا ۋە بۇتقا چوقۇنىدىغان «ئېگىزلىك»لىرىدە دۇئا قىلىشلىرىنىڭ بىكار بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى»\+bd* ــ چاچ چۈشۈرۈش ۋە ساقال يۇلۇش قاتتىق ھەسرەت، پۇشايمان قىلىشنى ياكى ماتەم تۇتۇشنىمۇ بىلدۈرەتتى.\f*  \x + \xo 15:2 \xt يەر. 48‏:37؛ ئ‍ەز. 7‏:18\x* \m \v 3 كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛ \m ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ. \m \v 4 ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ، \m ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. \m شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ. \m \v 5 مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛ \m مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ، \m ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ. \m \v 6 چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، \m ئوت-چۆپلەر سولىشىپ، \m گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛ \m ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ.\f □ \fr 15:6 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ (5-ئايەت) ...چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ...»\+bd* ــ بىلىشىمىزچە 5- ۋە 6-ئايەتتىكى شەھەرلەر (زوئار، نىمرىم قاتارلىقلار) موئابنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە. ئار، كىر، نېبو، مەدەبا بولسا شىمالىي تەرىپىدە. قارىغاندا بولىدىغان ھۇجۇم شىمال تەرەپتىن كەلگەچكە، ئۇلار جەنۇبىي تەرەپكە قاچىدۇ. ئاسۇرىيە موئابغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلدى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715- ۋە 711-يىلىدا.\f* \m \v 7 شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛ \m \v 8 ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا، \m ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا، \m پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ. \m \v 9 دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ، \m چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛ \m چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن.\f □ \fr 15:9 \ft \+bd «دىمون»\+bd* ــ بەلكىم «دىبون» (1-ئايەت) بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، يەرلىكلەر دىبوننى بەلكىم «دىمون» دەپ ئاتىشى مۇمكىن. \+bd «شىر»\+bd* ــ كەلگۈسىدە موئابقا تاجاۋۇز قىلىدىغان (1) ئاسۇرىيە پادىشاھىنى ياكى (2) بابىل پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 16 \s1 داۋامى \m \v 1 «ئەمدى \add غەللە-پاراق\add* قوزىسىنى سېلا \add رايوندىن\add* ئېلىپ، \m چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا، \m يەنى زىئون قىزىنىڭ تېغىغا ئەۋەتكىن!» \f □ \fr 16:1 \ft \+bd «غەللە-پاراق قوزىسى»\+bd* ــ موئابدىكىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ ئىسرائىلغا بېقىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. ئۇلار بېقىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى قوزىلارنى ئەۋەتكەن. كېيىن ئۇلار بېقىنىشنى رەت قىلغان (تەۋراتتىكى «2پاد.» 3-بابنى كۆرۈڭ). شۇڭا بېشارەتنىڭ مەنىسى، ئۇلارغا: ــ «سىلەر يەھۇداغا يەنە بېقىنىشىڭلار كېرەك؛ «قوزا»نى ئەۋەتىشىڭلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشپاناھلىقىغا ئىگە بولىسىلەر» دېگەن بىر نەسىھەت، ياكى بولمىسا ئۆز-ئۆزلىرىگە دېگەن بىر سۆزمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە (5- ھەم 6-ئايەتكە قارىغاندا) ئۇلار ئاخىردا تەكەببۇرلۇقتىن شۇنداق قىلمىغان. \fp «سېلا» بولسا قويلىرى كۆپ بىر رايون ئىدى.\f* \m \v 2 ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك، \m موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە \add ئالاقزادە\add* يۈرىدۇ. \f □ \fr 16:2 \ft \+bd «موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە ئالاقزادە يۈرىدۇ»\+bd* ــ ئارنون دەرياسى موئاب بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئورتاق چېگرىسى ئىدى. موئاب قىزلىرى باشپاناھ ئىزدەپ ئىسرائىلغا ئۆتمەكچى. خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 موئاب بەگلىرىنىڭ بىر-بىرىگە سۆزلىشى \m \v 3 «پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار!» \m \v 4 «\add ئى زىئون قىزى\add*، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ، \m شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛ \m قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز! \m مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، \m ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!». \f □ \fr 16:4 \ft \+bd «ئى زىئون قىزى، ... قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر چوقۇم موئاب بەگلىرىنىڭ زىئوندىن باشپاناھلىق سورىشىنى كۆرسىتىدۇ. \fp \+bd «...مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ... باشپاناھ بولغايسىز!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر (يەنە 3- ۋە 4-ئايەتنىڭ بىرىنچى يېرىمى) بەلكىم موئابنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ (يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتى بىلەن ئالدىنئالا ئېيتقان) سۆزلىرىدۇر. ئۇلار قوغلانغانلار ئۈچۈن ئىسرائىلدىن باشپاناھلىق سورايدۇ. \fp 4-ئايەتنىڭ ئىككىنىچى يېرىمى ۋە 5-ئايەت بەلكىم خۇدانىڭ (يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق) بەرگەن جاۋابى. دېمەك، ئىسرائىل قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئارقىلىق موئاب ئۈچۈن باشپاناھ بولىدۇ (بىراق موئاب تەكەببۇرلۇقىدىن خۇدانىڭ ئىلتىپاتىنى رەت قىلىدۇ ــ تۆۋەندىكى 5-14-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ موئاب بەگلىرىگە بەرگەن ۋەدىسى \m \v 5 «\add ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا\add*، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، \m ھالاكەت يوق بولىدۇ، \m ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ. \m ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛ \m «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ. \m ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان، \m ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ.\f □ \fr 16:5 \ft \+bd «ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ موئاب بەگلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. «ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا» دېگەن سۆز ئىبرانىي تېكىستىدە يوق. بىراق بىزنىڭچە «چۈنكى» دېگەن سۆز مۇشۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا موئابنىڭ ئۆزىدىن باشپاناھلىقنى ئۆتۈنۈشىنى قارشى ئالىدىدىغانلىقىنى يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتىن رەت قىلىدۇ. (6-14-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). \fp \+bd «داۋۇتنىڭ چېدىرى»\+bd* ــ كەلگۈسى ئىسرائىلغا ۋە ئالەمگە بولىدىغان مەسىھ-پادىشاھ چوقۇم داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن بولىدۇ. «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئەسلىدە يېرۇسالېمدا تىكىلىپ مۇھىم بىر ئىبادەت ئورنىنى («2سام.» 18:6)، ياكى داۋۇتنىڭ ئۆز ئۆيىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 16:5 \xt يەش. 9‏:6؛ دان. 7‏:14، 27؛ مىك. 4‏:7؛ لۇقا 1‏:33\x* \m \v 6 ــ بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، \m يەنى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، نوچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق؛ \m بىراق ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ!\x + \xo 16:6 \xt يەر. 48‏:29، 30\x* \m \v 7 شۇڭا موئاب موئاب ئۈچۈن زار يىغلايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى زار-زار يىغلايدۇ؛ \m قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈپ كىر-ھارەسەتنىڭ «كىشمىش پوشكاللىرى» ئۈچۈن زار-زار يىغلاڭلار!\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «كىر-ھارەسەت»\+bd* ــ 12-ئايەتتە «كىر-ھەرەس»مۇ دەپ ئاتىلىدۇ. \+bd «كىشمىش پوشكاللىرى»\+bd* ــ «ھوش.» 1:3نى كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇللىرى».\f* \m \v 8 ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، \m سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ \m ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ \m ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ \m پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «\add ئۆلۈك\add* دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى.\f □ \fr 16:8 \ft \+bd «يائازەر»\+bd* ــ موئابنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ نېرىسىدىراق، شەرق تەرىپى «چۆل-دالالار»، غەرب تەرىپى «(ئۆلۈك) دېڭىز». دېمەك، موئاب خىلۋەت جاي بولغىنى بىلەن خېلى يىراقلارغا تەسىرى بولغان بىر مەملىكەتكە ئايلانغان.\f*  \x + \xo 16:8 \xt يەر. 48‏:32، 33\x* \m \v 9 شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛ \m ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن! \m چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ.\f □ \fr 16:9 \ft \+bd «شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن»\+bd* ــ 10-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچى خۇدا بولغانىكەن («مەن ..توختىتىمەن...»)، 9-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچىمۇ شۈبھىسىزكى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇدا يائازەردىكىلەرنى جازالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىبماھدىكى يوقاپ كەتكەن ئۈزۈمزارلار ئۈچۈن يىغلايدۇ. خۇدا ئۇلارنى جازالاشى بىلەن تەڭ ئۆزىمۇ قايغۇرىدۇ. \+bd «ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ»\+bd* ــ ئادەتتە ھوسۇل ئالغاندا خۇشاللىقتىن ۋارقىراشلار بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق مۇشۇ يەردە، دۈشمىنىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنكى تەنتەنە ۋارقىراشلار كۆرسىتىلىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ھوسۇلۇڭغا بولغان تەنتەنە ساداسى ياڭراشتىن توختىدى».\f*  \x + \xo 16:9 \xt يەر. 48‏:32\x* \m \v 10 خۇشاللىق مېۋىلىك باغلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، \m شادلىقمۇ يوق قىلىنىدۇ؛ \m ئۈزۈمزارلىقلاردا نە ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ، \m نە تەنتەنە قىلىنمايدۇ؛ \m دەسسىگۈچىلەر ئۈزۈم كۆلچەكلىرىنى چەيلىمەيدۇ. \m چۈنكى مەن ئۈزۈم كۆلچەكلىرىدىكى خۇشال ۋارقىراشلارنى توختاتتىم.\f □ \fr 16:10 \ft \+bd «دەسسىگۈچىلەر»\+bd* ــ ئۈزۈم شارابى چىقىرىش ئۈچۈن ئۈزۈملەرنى كۆلچەككە قويۇپ دۆسسەيدىغان ئادەملەر.\f* \m \v 11 شۇڭا ئىچ-باغرىلىرىم موئاب ئۈچۈن چالغان چىلتاردەك ئاغرىپ مۇڭلۇق ياڭرايدۇ، \m ئىچىم كىر-ھەرەسدىكىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق؛ \m \v 12 شۇنداق بولىدۇكى، موئاب ئۆزىنى ئۇپرىتىپ دۇئا قىلغىلى ئۆزىنىڭ «يۇقىرى ئورنى»غا چىقىپ كەلگەندە، \m ياكى دۇئا قىلغىلى «مۇقەددەس ئۆيى»گە كىرگەندە، \m ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.\x + \xo 16:12 \xt قان. 32‏:37، 38، 39\x* \m \v 13 مانا مۇشۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار موئاب توغرۇلۇق بۇرۇن ئېيتقان. \m \v 14 بىراق ھازىر پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئۈچ يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، \m موئابنىڭ كۆپلىگەن قوشۇن-ئاھالىسى بولغىنى بىلەن، \m ئۇنىڭ پەخىرلەنگەن شۆھرىتى يەكسان بولىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئىنتايىن ئاز ۋە ھالسىز بولىدۇ». \f □ \fr 16:14 \ft \+bd «مەدىكار ھېسابلىغاندەك...»\+bd* ــ مەدىكار ئىشلىگەن ۋاقىتنى ئىنتايىن توغرىلىق بىلەن ھېسابلايدۇ، ئەلۋەتتە ــ دېمەك، مۇشۇ «ئۈچ يىل»، كەممۇ ئەمەس، ئارتۇقمۇ ئەمەس دەل ئۈچ يىلنى بىلدۈرىدۇ.\f* \b \b \m \c 17 \s1 دەمەشق ۋە ئەفرائىم توغرۇلۇق بىر بېشارەت \m \v 1 دەمەشق توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \m مانا، دەمەشق شەھەر بولۇپ تۇرۇۋەرمەي، ناھايىتى بىر دۆۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ. \m \v 2 ئاروئەردىكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز بولۇپ، \m قوي پادىلىرىغا قالدۇرۇلىدۇ، \m ئۇلار تىنچ-ئامان ياتىدۇ، \m ئۇلارنى قورقۇتقۇدەك ھېچبىر ئادەممۇ كۆرۈنمەيدۇ. \m \v 3 ئەفرائىمدا بولسا، قورغانلىق شەھەرلەر يوقىلىدۇ، \m دەمەشقنىڭ شاھانە ھوقۇقى، \m سۇرىيەنىڭ قالدۇقلىرى يوقىلىدۇ؛ \m ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ. \m ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 17:3 \ft \+bd «ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا، «ئۇلار ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتىدەك بولىدۇ». ئويلايمىزكى، مۇشۇ سۆز كىنايىلىك گەپ بولۇپ: ــ «شۆھرىتى يوق» دېگەنلىك (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، شۇڭا دەمەشقنىڭمۇ شۆھرىتى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 4 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ياقۇپنىڭ شۆھرىتى سۇسلىشىپ، \m تېنىدىكى سېمىز ئەتلەر سىزىپ كېتىدۇ. \m \v 5 ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، \m يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، \m ھەتتا رەفايىم جىلغىسىدا ئادەملەر باشاقلارنى تەرگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئوخشاش، \add قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ\add*؛\f □ \fr 17:5 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ... قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئورمىچى ئەگەر بىلىكىنى ئىشلىتىپ ئورسا، ناھايىتى ئاز باشاقلار قېلىپ قالىدۇ؛ رەفايىم (رەفايىيلارنىڭ) جىلغىسى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، ئۇ يەرگە كەمبەغەللەر بېرىپ ئورمىچىلار قالدۇرغان بۇغداينى تېرەتتى؛ ئەلۋەتتە تەرگەندىن كېيىن قالغان بۇغداي «يوق دېيەرلىك» بولىدۇ؛ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن ئەفرائىمنىڭ ئادەملىرى، شۆھرىتى، ھەممىسى ئوخشاشلا «يوق دېيەرلىك» بولىدۇ. \fp مۇشۇ بالايىئاپەتلەر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاخىرىدا ئاسۇرىيە ئەفرائىمدىكى كۆپ ئاھالىنى سۈرگۈن قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى).\f* \m \v 6 ھالبۇكى، يەنە ئازراق تەرگۈدەك باشاق، \m زەيتۇن دەرىخى سىلكىنگەندىن كېيىن، \m ئەڭ ئۇچىدا ئىككى-ئۈچ تال مېۋە، \m كۆپ مېۋىلىگەن شاخلىرىدا تۆت-بەش تال مېۋە قالدۇرۇلىدۇ، \m ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار. \m \v 7 ــ شۇ كۈنى ئىنسان بولسا ياراتقۇچىسىغا نەزىرىنى تىكىدۇ، \m كۆزى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدا بولىدۇ. \m \v 8 ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىغا، \m ياكى بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ھېچ قارىمايدۇ، \m نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ.\f □ \fr 17:8 \ft \+bd «ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا... نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى قۇربانگاھلار ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»، شۈبھىسىزكى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر. «ئاشەراھلار» دېگەن بۇتلار بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەر ئىدى. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولسا كېرەك. ئادەملەرنىڭ خىياللىرىدا، مۇشۇ مەبۇد «زېمىننى مۇنبەتلىك قىلارمىش» ۋە «ئاياللارنى تۇغۇمچان قىلارمىش». بۇلارغا چوقۇنۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەرخىل جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. \fp شۇ سۆزلەرگە قارىغاندا ئاز بىر قىسىم ئەفرائىمدىكىلەر خۇداغىلا ئۈمىد-ئىشەنچ باغلايدۇ. بېشارەتنىڭ بىر قېتىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى «2تار.» 30-31-بابتىن، 9:34-ئايەتتىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.\f* \m \v 9 شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ قورغانلىق شەھەرلىرى، \m ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك، \m ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. \f □ \fr 17:9 \ft \+bd «ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك...»\+bd* ــ مۇشۇ كونا «خارابە شەھەرلەر»، يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىسرائىللار خۇداغا تايىنىپ زېمىننى ئىشغال قىلغاندا ۋەيران قىلىنغانىدى. شۇ خارابە كونا شەھەرلەر ئۇلارغا خۇداغا تايىنىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 10 چۈنكى نىجاتىڭ بولغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ، \m كۈچۈڭ بولغان «قورام تاش بولغۇچى»نى ئەسلىمىدىڭ؛ \m شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، \m ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن،\f □ \fr 17:10 \ft \+bd «شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن،...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆسۈملۈكلەر» خۇراپىيلىق بىلەن تىكىلگەن، ئادەمنى باي قىلىدىغان ياكى راۋاج تاپقۇزىدىغان «سېھرىي ئۆسۈملۈكلەر»مىش.\f* \m \v 11 ئۇلارنى تىككەن كۈنىلا ياشارتقىنىڭ بىلەن، \m تىككەن ئەتىسىلا ئۇلارنى چېچەكلەتكىنىڭ بىلەن، \m ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس!\f □ \fr 17:11 \ft \+bd «ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس!»\+bd* ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 12 ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى! \m ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ، \m ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى! \m دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ. \m \v 13 ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛ \m بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. \m ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك، \m قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ!\x + \xo 17:13 \xt ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ 35‏:5؛ 83‏:13-15؛ ھوش. 13‏:3\x* \m \v 14 كەچتە ــ ۋەھىمە! \m تاڭ سەھەردە ــ يوق بىراق! \m مانا بىزنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ نېسىۋىسى، \m بىزدىن ئولجا-غەنىيمەت ئېلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر! \b \b \m \c 18 \s1 يەشايانىڭ ئېفىئوپىيىدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە بەرگەن بېشارىتى \m \v 1‏-2 ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ \m سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛ \m ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، \m ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، \m يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە، \m زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، \m كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە \add قايتىپ\add* بېرىڭلار!\f □ \fr 18:1‏-2 \ft \+bd «ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن!»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى، ئېفىئوپىيەنىڭ پادىشاھى پىئانقى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ يېڭى بىر سۇلالىنى (مىسىردىكى 25-سۇلالە) بەرپا قىلغاندىن كېيىن، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈش ئۈمىدىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مۇشۇ بابتا يەشايا ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى قايتۇرماقچى بولۇپ، يۇقىرىقى خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. \+bd «ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، ...زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار!»\+bd* ــ يەشايا پەيغەمبەر ئەلچىلەرنى ئۆز دۆلىتىگە (ئېفىئوپىيىلىكلەر ئېگىز بويلۇق، سىلىق تېرىلىك، ئەشەددىي بىر خەلق ئىدى) قايتىشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇلار ئارقىلىق يەنە، كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيا پەرۋەردىگارغا بويسۇنىدۇ، دەپ جاكارلىماقچى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇشۇ ئىتتىپاقنىڭ پايدىسىزلىقىنى، پەرۋەردىگارغا تايانمىسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ قۇرۇق بولىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 3 جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، \m جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر! \m تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا، \m كۆرۈڭلار! \m كاناي چېلىنغاندىلا، \m ئاڭلاڭلار!\f □ \fr 18:3 \ft \+bd ... «تۇغ» ... «كاناي»\+bd* ــ بۇلارنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، 11-باب ھەم 27-بابنى كۆرۈڭ. «تۇغ» ھەم قۇتۇلۇش بەلگىسى ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كاناي خۇدانىڭ ئۆز قوۋمىنى ئۆزىگە چاقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.\f* \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ \m مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، \m نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، \m ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، \m ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛\f □ \fr 18:4 \ft \+bd «مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن»\+bd* ــ ئىسسىق ھەم شەبنەم گاھىدا كۆرۈنمىگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھوسۇلغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. خۇدامۇ ئوخشاشلا دائىم «تىنچ» ھەم كۆرۈنمەيدۇ؛ ئۇ ھېچنېمىنى دېمىگەندەك ياكى قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار خۇداسىز قىلىنغاندەك بولغىنى بىلەن (دېمەك، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇ ئىشلارغا كېرەك ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن)، خۇدا ھامان ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولىدۇ، ھەممە ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قولىنى سوزىدۇ (5- ھەم 6-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 5 چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، \m ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن، \m چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، \m ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، \m ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.\f □ \fr 18:5 \ft \+bd «ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ... چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ»\+bd* ــ دېمەك، مۇشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمدارلار «ھوسۇل، يەنى دۇنيادىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار بىزنىڭكى» دېگەندە، خۇدا تۇيۇقسىز ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئۇلارنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.\f* \m \v 6 ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا، \m يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ. \m ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، \m يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ.\f □ \fr 18:6 \ft \+bd «...ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىش ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمدارلاردىن ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش-جېدەللىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھايۋانلارغا تۈگىمەس ئاراملىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 7 شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ \m يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن، \m يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن، \m زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، \m كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛ \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، \m يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. \f □ \fr 18:7 \ft \+bd «شۇ كۈنىدە ... پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ... پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئېفىئوپىيەلىكلەر خۇدانى تونۇيدۇ ھەم خۇداغا قىلغان ئىبادىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار مۇشۇ يەردە ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بېقىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 19 \s1 مىسىر جازالىنىپ، تەربىيە بېرىلىپ ساقايتىلىدۇ ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ \m \v 1 مىسىر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \m مانا، پەرۋەردىگار تېز ئۇچىدىغان بۇلۇت ئۈستىگە مىنىپ، \m مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ؛ \m مىسىردىكى بۇتلار ئۇنىڭ ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ، \m مىسىرنىڭ يۈرىكى بولسا ئىچىدىن ئېرىپ كېتىدۇ. \m \v 2 ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، \m ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ \m شەھەر بىلەن شەھەر، \m پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛ \m \v 3 ۋە مىسىرنىڭ روھى ئۆز ئىچىدىن يوقاپ كېتىدۇ؛ \m مەن ئۇلارنى مەسلىھەتسىز قالدۇرىمەن؛ \m شۇڭا ئۇلار بۇتلارنى ۋە ئەرۋاھلارنى، \m ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارنى ھەم پالچىلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ؛ \m \v 4 مەن مىسىرلىقلارنى رەھىمسىز بىر ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ \m ئەشەددىي بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 19:4 \ft \+bd «مەن مىسىرلىقلارنى رەھىمسىز بىر ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن...»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەتنى بەلكىم ئاۋۋال ئېفىئوپىيەلىك پىئانقى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى)، ئاسۇرىيەلىك سارگون (20-بابنى كۆرۈڭ)، ئاسۇرىيەلىك سەنناخېرىب ۋە ياكى كېيىنكى پارس پادىشاھلىرى كامبىسىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-يىلى)، ئاندىن ئاتاكسەركسىس (III) «ئوقۇس» قاتارلىقلار (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 343-يىلى) تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.\f* \m \v 5 ھەم سۇلار «دېڭىز»دىن يوقايدۇ، \m دەرياسى قاغجىراپ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ؛\f □ \fr 19:5 \ft \+bd «سۇلار «دېڭىز»دىن يوقايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «دېڭىز» نىل دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 6 دەريالارنى سېسىقچىلىق قاپلايدۇ، \m مىسىرنىڭ ئۆستەڭ-قاناللىرى قاغجىراپ تۈگەيدۇ؛ \m قومۇشلار ھەم يېكەنلەر سولىشىدۇ؛ \m \v 7 نىل دەرياسى بويىدىكى يەرلەر، \m نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى يەرلەر گىياھسىز قالىدۇ، \m نىل دەرياسى بويىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ، توزۇپ، يوقىلىدۇ. \m \v 8 بېلىقچىلار بولسا زار قاقشايدۇ؛ \m نىل دەرياسىغا قارماق تاشلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نالە كۆتۈرىدۇ؛ \m سۇلارنىڭ ئۈستىگە تور يايغۇچىلارنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىدۇ. \m \v 9 زىغىرچىلار ھەم لىباس توقۇغۇچىلار خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، \m \v 10 جەمئىيەتنىڭ «تۈۋرۈك»لىرى پارە-پارە بولۇپ، \m مەدىكارلارنىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم بولىدۇ. \m \v 11 تولىمۇ ئەخمەق زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى! \m پىرەۋننىڭ ئەڭ دانا مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمىقانە مەسلىھەتلەر چىقىدۇ! \m سىلەر قانداقمۇ پىرەۋنگە: ــ \m «مەن بولسام دانالارنىڭ ئەۋلادى، \m قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!» ــ دەۋاتقانسىلەر تېخى؟\f □ \fr 19:11 \ft \+bd «پىرەۋن»\+bd* ــ مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ دەۋر-دەۋرگىچە ئىشلەتكەن ئۇنۋانى. \+bd «مەن بولسام... قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!»\+bd* ــ مىسىرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تەبىقىلىك ياكى پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 12 \add مىسىر\add*، سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ ھازىر قېنى؟ \m ئۇلار دانىشمەن بولسا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى ساڭا ئايان قىلسۇن! \m \v 13 زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى نادانلاشتى، \m مەمفىس شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىنىپ كەتتى؛ \m مىسىر قەبىلىلىرىنىڭ «بۇرجەك تاش»لىرى بولسا ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى.\f □ \fr 19:13 \ft \+bd «مەمفىس»\+bd* ــ ياكى «نوف». \+bd «مىسىر قەبىلىلىرىنىڭ «بۇرجەك تاش»لىرى»\+bd* ــ بەلكىم مىسىر جەمئىيىتىدىكى مۆتىۋەرلەردۇر.\f* \m \v 14 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر قايمۇقتۇرغۇچى روھنى ئارىلاشتۇرىۋەتتى؛ \m شۇڭا بىرسى مەست بولۇپ ئۆز قۇسۇقىدا تېيىلىپ ئەلەڭ-سەلەڭ بولغاندەك، \m ئۇلار مىسىردىكىلەرنى ھەربىر ئىشىدا ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىۋەتتى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا، \m باش، قۇيرۇق، پالما شېخى ياكى قومۇشلار قىلالىغۇدەك ھېچقانداق ئامال قالمايدۇ. \f □ \fr 19:15 \ft \+bd «باش، قۇيرۇق، پالما شېخى، قومۇش»\+bd* ــ بەلكىم مىسىر جەمئىيىتىدىكى ھەرخىل تەبىقىدىكى ئادەملەرنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 19:15 \xt يەش. 9‏:13\x* \m \v 16 شۇ كۈنى مىسىردىكىلەر قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەڭلىشى بىلەن تىترەپ قورقىدۇ، \m \v 17 ھەمدە يەھۇدا زېمىنى بولسا مىسىرغا ۋەھىمە بولۇپ قالىدۇ؛ \m چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، \m يەنى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، \m كىمگە يەھۇدانىڭ گېپى قىلىنسىلا شۇ چۆچۈيدۇ. \m \v 18 شۇ كۈنى قانائاننىڭ تىلى سۆزلەيدىغان، \m ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بېقىنىپ سادىقلىق قەسىمى قىلىدىغان مىسىرنىڭ بەش شەھىرى بولىدۇ؛ \m ئۇلاردىن بىرى «ھالاك شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f □ \fr 19:18 \ft \+bd «قانائاننىڭ تىلى»\+bd* ــ «قانائان» پەلەستىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ زېمىنى، ھازىرقى «ئىسرائىلىيە»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىبرانىي تىلىنى سۆزلىشىدۇ.\f*  \x + \xo 19:18 \xt قان. 10‏:20؛ يەر. 12‏:16\x* \m \v 19 شۇ كۈنى مىسىرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانگاھ، \m ھەم چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر تۈۋرۈك بولىدۇ. \m \v 20 بۇلار بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەم بەلگە ھەم شاھىت بولىدۇ؛ \m چۈنكى ئەزگۈچىلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرگەن بولىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى ھەم قوغدىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ.\f □ \fr 19:20 \ft \+bd «بۇلار .. پەرۋەردىگارغا ھەم بەلگە ھەم شاھىت بولىدۇ؛ چۈنكى ئەزگۈچىلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى ھەم قوغدىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ...»\+bd* ــ (18-22-ئايەتلەر) ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى بېشارەت بەلكىم ئاخىرقى زاماندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بەزى ئالىملار بېشارەتلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4-1-ئەسىرلەردە «قىسمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان» دەپ قارايدۇ. شۇ زامانلاردا مىسىر نۇرغۇن يەھۇدىي مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا مىسىرنىڭ چېگرىسىغا يېقىن جايدا يېڭى بىر ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا يول قويدى ۋە ھەتتا ئۇنى قۇرۇشقا ياردەم بەردى. مىلادىيەدىن كېيىن مىسىردىكى مەسىھىي جامائەتلەرمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان.\f* \m \v 21 پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا تونۇتۇلۇپ ئايان قىلىنىدۇ؛ \m شۇ كۈنى مىسىر پەرۋەردىگارنى تونۇيدۇ؛ \m ئۇلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ؛ \m ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ.\x + \xo 19:21 \xt مال. 1‏:11\x* \m \v 22 پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى ئۇرىدۇ ھەم ساقايتىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىدۇ، \m ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ساقايتىدۇ. \m \v 23 شۇ كۈنى مىسىردىن ئاسۇرىيەگە ماڭىدىغان، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۈز يول ئېچىلىدۇ؛ \m ئاسۇرىيەلىكلەر مىسىرغا كىرىدۇ، \m مىسىرلىقلار ئاسۇرىيەگە كىرىدۇ؛ \m مىسىر ئاسۇرىيە بىلەن بىللە \add خۇدانىڭ\add* خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ.\f □ \fr 19:23 \ft \+bd «شۇ كۈنى مىسىردىن ئاسۇرىيەگە ماڭىدىغان، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۈز يول ئېچىلىدۇ...»\+bd* ــ مۇشۇ يول ھېلىھەم مەۋجۇت. بىراق ئىسرائىل ھەم مىسىر ۋە سۇرىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغاچقا، يول ئۇزۇندىن بۇيان ئېتىكلىك ھالەتتە تۇرماقتا.\f* \m \v 24 شۇ كۈنى ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيە بىلەن بىر بولۇپ، \m ئۈچىسى، يەر يۈزىدىكىلەرگە بەخت يەتكۈزگۈچىلەر بولىدۇ. \m \v 25 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: ــ \m «خەلقىم بولغان مىسىرغا، \m ئۆز قولۇمنىڭ ئىجادى بولغان ئاسۇرىيەگە \m ۋە ئۆز مىراسىم بولغان ئىسرائىلغا بەخت يار بولسۇن!» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 19:25 \ft \+bd «خەلقىم بولغان مىسىرغا، ئۆز قولۇمنىڭ ئىجادى بولغان ئاسۇرىيەگە ۋە ئۆز مىراسىم بولغان ئىسرائىلغا بەخت يار بولسۇن!»\+bd* ــ پىكرىمىزچە مۇشۇ بېشارەتنىڭ (1-25-ئايەتلەرنىڭ) ئاخىرقى قىسمى («شۇ كۈنى مىسىردىكىلەر قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ...» يەنى 16-ئايەتتىن باشلاپ) تېخى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان. يەشايانىڭ دەۋرىدىكىلەر ئۈچۈن، بۇ بېشارەت ئۇلارنىڭ مىسىرغا قوشۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بۇنداق قىلىش پەرۋەردىگارغا ئىشەنمەسلىككە باراۋەر. بېشارەتتە، ئۇلار مىسىرغا ئەمەس، بەلكى مىسىر ئۆزلىرىگە بېقىندى بولىدۇ، دېيىلىدۇ. ئاخىردا خۇدا مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللار قورقىدىغان ئاسۇرىيەلىكلەر بىلەن بىللە ئۆزىگە، شۇنداقلا ئىسرائىلغا بېقىندۇرىدۇ.\f* \b \b \m \c 20 \s1 مىسىر توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت \m \v 1 ئاسۇرىيەنىڭ \add سەردارى بولغان\add* «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون ئۇنى ئەۋەتكەن (ئۇ ئاشدودقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى): ــ \f □ \fr 20:1 \ft \+bd «ئاسۇرىيەنىڭ سەردارى بولغان «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى فىلىستىيلەرنىڭ بىر پايتەختى بولغان ئاشدود مىسىرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىكى ئاسارەتلەرنى بۇزۇپ ئىسيان كۆتۈردى. ئىككى يىل ئىچىدە ئۇلار يەنە مەغلۇپ بولدى. مىسىر توختىماي ئۇلارنى قۇترىتىپ، قوراللىق ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ئەلچىلەرنى موئابقا، ئېدوم ھەم يەھۇداغا ئەۋەتتى، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولدى. بىراق مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 711-يىلى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئاشدود شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. مىسىر ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلمىدى. خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئىسرائىلغا خۇداسىز، تايانچىسىز مىسىرغا تايىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھەم مۇنداق قىلىشنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى. \m ئۇ ئۇنىڭغا: ــ \m «چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت، پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سېلىۋەت» ــ دېگەنىدى؛ \m ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى.\f □ \fr 20:2 \ft \+bd «شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى..»\+bd* ــ مۇشۇ 20-بابتىكى بېشارەت ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىنى كۆرگەن كىشىلەر يۇقىرىقى 19-بابتىكى ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدىغان (ئاسۇرىيە ۋە مىسىر توغرۇلۇق) بېشارەتنىڭ ئاخىرىدا مۇقەررەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىدىن ھېچ گۇمان قىلماسلىقى كېرەك. \+bd «پەرۋەردىگار ... ئۇنىڭغا: ــ «چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت...» دېگەنىدى. ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى»\+bd* ــ بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، يەشايا ئادەتتە بۆز كىيىم كىيىپ يۈرىدىغان بولۇشى مۇمكىن. يەشايانىڭ ھەقىقەتەن «قىپيالىڭاچ» ياكى پەقەت «كالتە ئىشتانلىق» ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېيىش تەس.\f* \m \v 3 ۋە پەرۋەردىگار ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ــ \m «مېنىڭ قۇلۇم يەشايا مىسىر ۋە ئېفىئوپىيە توغرۇلۇق خەۋەر بېرىدىغان بېشارەت ھەم كارامەت سۈپىتىدە بولۇش ئۈچۈن يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ ئۈچ يىل مېڭىپ يۈرگەندەك، \v 4 ئوخشاشلا مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن، يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ، كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن مىسىرنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرۇپ، يالاپ ئېپكېتىلىدۇ. \f □ \fr 20:4 \ft \+bd «مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن... كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ... يالاپ ئېپكېتىلىدۇ»\+bd* ــ شۇ بېشارەت بەلكىم 701-يىلى، يەنى ئاسۇرىيە بىلەن مىسىر سوقۇشقان ئەلتەكەھ دېگەن يەردە بولغان جەڭدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاسۇرىيە مىسىردىكى ھەم ئېفىئوپىيەدىكى نۇرغۇن ئەسىرلەرنى ئېپكەتكەن.\f* \v 5 ئۇلار بولسا قورقۇشۇپ، ئۆز تايانچىسى بولغان ئېفىئوپىيەدىن ۋە پەخرى بولغان مىسىردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. \v 6 شۇنىڭ بىلەن بۇ دېڭىز بويىدىكىلەر: ــ \m «مانا بۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ۋەسۋەسىدىن قورقۇپ باشپاناھلىق ئىزدەپ بارغان تايانچىمىزغۇ، بىزلەر ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز؟» ــ دېيىشىدۇ»». \f □ \fr 20:6 \ft \+bd «بۇ دېڭىز بويىدىكىلىرى\+bd* ــ فىلىستىيەلىكلەر ھەم يەھۇدالىقلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 21 \s1 بابىل توغرىسىدا يەنە بىر بېشارەت \m \v 1 «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ \m «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، \m دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!». \f □ \fr 21:1 \ft \+bd «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى»\+bd* ــ بابىلنى كۆرسىتىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). «دېڭىز» بولسا، مۇشۇ يەردە بابىل شەھىرى جايلاشقان، ناھايىتى كەڭ ئەفرات دەرياسىنى كۆسىتىدۇ. ئەمدى نېمىشقا «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» دېيىلىدۇ؟ يەشايا بەلكىم بابىلنى كىنايىلىك گەپ بىلەن مازاق قىلىدۇ؛ بابىل كاتتا، بۈيۈك شەھەر بولغىنى بىلەن، ھەقىقەت جەھىتىدىن ياكى مەڭگۈلۈك روھىي بايلىقلار جەھىتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى بىر چۆل-باياۋان، خالاس.\f* \b \m \s1 يەشايانىڭ سۆز قىلىشى \m \v 2 ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ \m خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، \m بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. \m «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! \m مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» \m ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم.\f □ \fr 21:2 \ft \+bd «خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ... بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بابىلنىڭ ئۈزلۈكسىز قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!»\+bd* ــ ئىككى ئىمكانىيەت بار. مۇشۇ بېشارەت ياكى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 689-يىلى ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى سەنناخېرىبنىڭ بابىلغا بېسىپ كىرىپ ۋەيران قىلغانلىقىنى ياكى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى پارسلار ۋە مېدىئالار قورەش ئىمپېراتورىنىڭ باشچىلىقىدا بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \fp ئەگەر بىرىنچى شەرھ توغرا بولسا، ئۇ چاغدا «ئېلام ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» دېگەن سۆزلەرنى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ئېلام ۋە مېدىئاغا ئېيتقان، بۇ سۆزلەر «ئاسۇرىيەگە ھۇجۇم قىل!» دېگەن مەنىدە بولغان بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئاسۇرىيەنىڭ ئىمپېراتورى سەنناخېرىب مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئۇ قايتىدىن ھۇجىم قىلىپ بابىلنى ئىشغال قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ بابىلنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە بۇتلىرىنىمۇ چېقىپ پارە-پارە قىلدى. \fp ئىككىنچى شەرھ توغرا بولسا، مۇشۇ سۆزلەر قورەش ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىغا دېگەن گەپ بولىدۇ (بابىلغا ھۇجۇم قىل!). بىزنىڭچە بولسا بېشارەت قورەشنىڭكى مۇشۇ ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق ئىككى قېتىملىق ئىشغال قىلىشنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا يەشايانىڭ كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسى، يەنى «بابىلغا ئىشەنمەڭلار ھەم تايانماڭلار!» دېگىنى تەكىتلىنىدۇ. \+bd «ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم»\+bd* ــ بۇ ئەلۋەتتە خۇدانىڭ سۆزى بولۇشى كېرەك. دېمەك، بابىلنىڭ خائىنلىقى، تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ ئولجا ئالغانلىقى، ئادىلسىزلىقى، رەھىمسىزلىكى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن خالايىق قاتتىق نالە-پەريادلارنى كۆتۈرگەنىدى؛ خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىغا خاتىمە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىلنىڭ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنىدى.\f* \m \v 3 ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، \m تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، \m كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، \m ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم.\f □ \fr 21:3 \ft \+bd «شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، ... ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئەلۋەتتە پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭكى بولۇشى كېرەك. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ئازابتىن تولغىنىپ قارىيالمىدىم؛ پاراكەندىچىلىكتىن ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدىم». \fp بىر جەھەتتىن يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ كۆرۈنۈشتە مەلۇم بىر شەھەرنىڭ خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىشىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا بەك ئازابلىنىدۇ. بىراق باشقا بىر جەھەتتىن ۋە باشقا بىر دەرىجىدە، بابىل شەھىرى پۈتكۈل دۇنياغا ۋەكىل بولسا، ئۇ خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە گۇناھنىڭ ئۆزىنى قانداق دەھشەتلىك جازالىشىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ بېشارەتتىن ئېلىشىمىز كېرەك بولغان ساۋاق دەل مۇشۇدۇر.\f* \m \v 4 شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، \m مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ \m ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى.\f □ \fr 21:4 \ft \+bd «مەن زوق ئالىدىغان كېچە»\+bd* ــ بۇنى چۈشىنىش تەس؛ بەلكىم خۇدا يەشاياغا شۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگۈزگەن كېچىدە ئۇ ئايالى بىلەن بىللە مۇھەببەتلەشمەكچى بولدىمىكىن.\f*  \x + \xo 21:4 \xt ئايۇپ 7‏:3\x* \m \v 5 ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ؛ \m ئۇلار يېيىشىدۇ، ئىچىشىدۇ؛ \m «ھەي ئېسىلزادىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قالقاننى مايلاڭلار!»\f □ \fr 21:5 \ft \+bd «ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «داستىخان سېلىڭلار، بىر كۆزەتچى قويۇڭلار». \+bd «قالقان مايلاڭلار!»\+bd* ــ بىرخىل ئۇرۇش تەييارلىقى. قالقان مايلانسا قىلىچ-نەيزىلەر ئۇنىڭدىن تېيىلىپ كېتەتتى. شۇڭا يەشايا مۇشۇ ئايەتتە بەلكىم، بابىللىقلار زىياپەتتە ئولتۇرغىنىدا، دۈشمەننىڭ قوشۇنلىرى يولغا چىقىپ يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا زىياپەتنىڭ ئورنىغا، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىشقا توغرا كېلەتتى، دەپ بېشارەت بېرىدۇ. كېيىنكى (6-10) ئايەتلەرنىمۇ كۆرۈڭ. بابىللىقلارنىڭ زىياپەتكە قاتنىشىشقا ئىنتايىن ئامراقلىقىنىڭ داڭقى چىققانىدى. \fp مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى، بابىل ئوردىسىدىكىلەر كاتتا زىياپەتتە بىخۇد ئولتۇرغان بىر كېچىدە، بابىل شەھىرى مېدىئالىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى (تەۋراتتىكى «دانىيال» 5-بابنى كۆرۈڭ).-\f* \m \v 6 چۈنكى رەب ماڭا: ــ \m «بارغىن، كۆرگەنلىرىنى ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچىنى تەخلەپ قويغىن» ــ دېگەنىدى.\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچى»\+bd* ــ دېمەك، ئىشەنچلىك ئادەم. بابىللىقلار بىخۇدلىشىپ ئولتۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن، خۇدا بەلكىم يەشاياغا كىنايە قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر كۆزەتچىنى بەلگىلەپ قويۇش كېرەك، دېمەكچى. بۇ «خىيالىي كۆزەتچى»نىڭ خەۋەرلىرى 7-9-ئايەتلەردە خاتىرىلىنىدۇ.\f* \m \v 7 ــ «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، \m جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېشەكلەر بىلەن، \m جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە، \m ئۇ دىققەت بىلەن، ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزەتسۇن!»\f □ \fr 21:7 \ft \+bd «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى،... كۆرگەندە،..»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «بىر قوشۇن ئاتلىق ئەسكەر جۈپ-جۈپ ئاتلار بىلەن،... كۆرگەندە،...». \+bd «جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە،...»\+bd* ــ پارس ئىمپېراتورى قورەش جەڭ قىلغاندا تۆگىلەرنى دۈشمەن قوشۇنلىرى ئىچىگە ھەيدىۋېتىپ، قالايمىقانچىلىق چىقىراتتى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئاشۇنداق تاكتىكىنى ئىشلەتكەن.\f* \m \v 8 ئۇ جاۋابەن شىردەك توۋلىدى: ــ \m «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، \m ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن؛\f □ \fr 21:8 \ft \+bd «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن»\+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا، بابىلنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئۇزۇنراق ۋاقىت كۈتۈشى كېرەك بولىدۇ. «رەب» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى خوجام،...».\f*  \x + \xo 21:8 \xt ھاب. 2‏:1\x* \m \v 9 ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» \m ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ \m بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، \m ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!».\f □ \fr 21:9 \ft \+bd «ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بەلكىم مۇشۇ يەردە دۈشمەن قوشۇنى غەلىبە بىلەن قايتىپ بېرىپ، بابىلنىڭ مەغلۇپ بولۇپ يوقىتىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزىدۇ. \+bd «... ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى ... پارە-پارە قىلىۋەتتى!»\+bd* ــ «ئۇ» بەلكىم خۇدانىڭ ئۆزى.\f*  \x + \xo 21:9 \xt يەر. 25‏:12؛ 51‏:8؛ ۋەھ. 14‏:8؛ 18‏:2\x* \b \m \s1 خۇدا يەنە ئۆزىگە سادىق بولغانلارغا تەسەللى بېرىدۇ \m \v 10 ــ ئى مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، \m مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم، \m ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئاڭلىغاننى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم! \f □ \fr 21:10 \ft \+bd «مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم،...»\+bd* ــ مۇشۇ ئىككى ئىبارە ئىسرائىلنىڭ خۇداغا سادىق بولغان، شۇنداقلا پەس ئورۇندا تۇرىدىغان «قالدىسى»نى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ جازا-تەربىيىلىرى ئىچىدە جاپا تارتىش بىلەن ئۇلار تاۋلىنىپ، «ساپ بۇغداي»دەك بولغان.\f* \b \m \s1 ئېدوم توغرۇلۇق بىر بېشارەت \m \v 11 «دۇماھ» توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ \m بىرسى سېئىردىن كېلىپ مەندىن: ــ \m «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ دەپ سورايدۇ.\f □ \fr 21:11 \ft \+bd «دۇماھ»\+bd* ــ بولسا ئىبرانىي تىلىدا «سۈكۈت» دېگەن مەنىدە. ئۇمۇ ئېدومنىڭ كىچىك بىر يېزىسى. بىراق مۇشۇ يەردە يەشايا يەنە «ئېدوم» دېگەن ئىسىمنى سۆز ئويۇنى قىلىپ تەتۈرىسىچە «دۇماھ» دەپ ئاتىغان. دېمەك، كەلگۈسىدە ئېدوم كۆپ ئىسسىق-سوغاقلار بىلەن ناھايىتى «سۈكۈت»لۈك بىر جاي بولۇپ قالىدۇ. \+bd «سېئىر»\+bd* ــ ئېدومنىڭ يەنە بىر ئىسمى. \+bd «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟»\+bd* ــ كۆزەتچى (ياكى جېسەكچى)نىڭ ۋەزىپىلىرى بىرىنچىدىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇملىرىدىن خەۋەر بېرىپ ھەممە ئادەمنى ئويغىتىش؛ ئىككىنچىدىن تاكتاكچىلىق قىلىپ كېچىنىڭ قايسى ۋاقىت بولغانلىقىنى خالايىققا ئۇقتۇرۇش ئىدى. كۆزەتچى مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇنىڭمۇ مۇشۇ ئىككى ۋەزىپىسى بار ئىدى ــ خالايىقنى خۇدانىڭ جازاسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەم شۇ جازاغا قانچە ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈش ئىدى. مۇشۇ يەردە بەلكىم ئېدومدىن چىققان بىر ئەلچى كېلىپ يەشايادىن ئېدومنى قاپلاپ تۇرغان، قاراڭغۇ «كېچە»دەك بولغان بالايىئاپەتلەر قاچان تۈگەيدۇ؟ ــ دەپ سورايدۇ.\f* \m \v 12 كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سەھەر كېلىدۇ، كېچىمۇ كېلىدۇ؛ \m يەنە سورىغىڭ بولسا، يەنە كېلىپ سورا؛ \m يولۇڭدىن قايتىپ ماڭا يېقىن كەل!» \f □ \fr 21:12 \ft \+bd «كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ:...»\+bd* ــ جاۋابنىڭ ئۈچ قىسمى بار: ــ \fp (1) «سەھەر كېلىدۇ». دېمەك، مۇشۇ قاراڭغۇلۇق تۈگەيدۇ ــ بىراق قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى دېمەيدۇ. \fp (2) «كېچىمۇ كېلىدۇ» ــ ئېدومغا، دۇنياغا نۇر كېلىدۇ (مەسىلەن 18:7، 2:18نى كۆرۈڭ). بىراق يەنە بىر كېچە كېلىدۇ، ئۇ تېخىمۇ قاراڭغۇ بولۇپ، بەلكىم قىيامەت كۈنلىرىدە بولىدۇ (مەسىلەن، 5:10، 10:13نى كۆرۈڭ). يەشايا مۇشۇ توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىدۇ. \fp (3) «سورىغىڭ بولسا، ... ماڭا يېقىن كەل!». ئېدوم (جۈملىدىن بەلكىم باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەر) مۇشۇ ئىشلارنى ئېنىقلىماقچى بولغان بولسا، ئەركىنلىك بىلەن خۇدانىڭ يېنىغا كېلىشكە، خۇدادىن بىۋاسىتە ياكى پەيغەمبەرلىرىدىن سوراشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. پەقەت ئۆز يوللىرىدىن توۋا قىلىپ يېنىپ كەلسىلا، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەرەبىيە توغرۇلۇق بىر بېشارەت \m \v 13 ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \m «ئى دېدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىيەدىكى جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر؛\f □ \fr 21:13 \ft \+bd «ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەرەبىيە توغرۇلۇق» ھەم «كېچىدە» دېگەن ئىككى مەنىلىك بولغان بىر سۆزدۇر. ئىككىنچى مەنىسى «كېچىدە» بولغان بولۇپ، بەلكىم «ئەرەبلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ۋاقتى»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە (ئەرەبلەرنىڭ تارىخى ئانچە خاتىرىلەنمىگەن بولغاچقا) دەل قايسى يىلنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھازىرچە ئېنىق دەپ بېرەلمەيمىز. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى سارگون II تېمادىكى قەبىلىلەر ۋە پۈتكۈل «ئەرەبىيە يېرىم ئارىلى»غا قارشى ئۇرۇش قىلغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 703-يىلى ئەرەبلەر بابىلدىكى مېروداق-بالادان بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە ئاسۇرىيەلىك سەنناخېرىب تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قاتتىق زىيان تارتقان. بېشارەت بۇ چاغلارنىڭ بىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «...جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر»\+bd* ــ دېمەك، چوڭ يولدىن يىراق، مەلۇم بىر دۈشمەننىڭ قورقۇنچىدىن پىنھان جايدا قونۇش كېرەك. دېدانلىقلار بولسا ئەرەبلەرنىڭ بىر قەبىلىسى. تېما ئۇلارنىڭ بىر كارۋانساراي شەھىرى. دېدان، تېما ۋە 16-ئايەتتىكى كېدارنىڭ قەيەرلىكىنى بىلىش ئۈچۈن خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 14 ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! \m ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار!\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «... سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار!»\+bd* ــ خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئەرەبلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. دېمەك، ئەرەبلەر پات يېقىندا كۆپ ئاۋارىچىلىككە يولۇقىدۇ (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 15 چۈنكى ئۇلار قىلىچلاردىن، \m غىلاپتىن ئېلىنغان قىلىچتىن، \m كېرىلگەن ئوقيادىن، \m ئۇرۇشنىڭ ئازابىدىن قاچىدۇ. \m \v 16 چۈنكى رەب ماڭا شۇنداق دېگەن: ــ \m بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، \m ئاندىن كېدارنىڭ بار شەرىپى يوقىلىدۇ،\f □ \fr 21:16 \ft \+bd «بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك،..»\+bd* ــ 16-باب، 14-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەدىكار ئىشلىگەن ۋاقىتنى ئىنتايىن توغرىلىق بىلەن ھېسابلايدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، \m يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى شۇنداق سۆز قىلغان». \f □ \fr 21:17 \ft \+bd «ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ»\+bd* ــ كېدار بولسا ئەرەبىستاندىكى چۆللۈكنىڭ شىمال تەرىپىدە ياشىغان بىر قەبىلە. \fp مۇشۇ بېشارەتنىڭ كەڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، خۇداغا ئىشەنمىگەنلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكەن بولسىمۇ، خۇداسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ياردەم مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. ئاخىرغىچە ئۈزلۈكسىز كېلىدىغان، چېكى يوق مەدەتنى بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا تاپقىلى بولىدۇ.\f* \b \b \m \c 22 \s1 يېرۇسالېم توغرۇلۇق بىر بېشارەت \m \v 1 ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \m سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟\f □ \fr 22:1 \ft \+bd «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»\+bd* ــ ئىنتايىن سىرلىق بىر ئىبارە. شۈبھىسىزكى، ئۇ يېرۇسالېمغا قارىتىلىدۇ (10-ئايەتنى ۋە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ كۆرۈڭ). يېرۇسالېم زىئون تېغىنىڭ ئۈستىدە بولسىمۇ، تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، جىلغىغا جايلاشقان دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەشايا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە يېرۇسالېمدا نۇرغۇن «غايىبانە ئالامەتلەر» ياكى «ئالامەت كۆرۈنۈشلەر»نى كۆرگەن. شۇڭا مەزكۇر ئىبارە نۇرغۇن «غايىبانە ئالامەتلەر» ۋە بېشارەتلەرنىڭ تېمىسى بولغان، خۇدا سۆيگەن يېرۇسالېم»نى كۆرسىتىدۇ؛ يەنە كېلىپ، «جىلغا» تۆۋەن بولۇپ، «خار بولۇش» ياكى «كىچىك پېئىللىك»نى بىلدۈرىدۇ؛ خۇدا بېشارەتلەر ۋەھىي قىلسا، ئۇلارنى پەقەت كىچىك پېئىللارغىلا يەتكۈزىدۇ. بىراق 2-14-ئايەتلەر بويىچە، يېرۇسالېمدىكىلەر خۇدانىڭ ئاگاھلىرىغا كىچىك پېئىل بولماي، ئەكسىچە ئېرەن قىلماي تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن.\f* \m \v 2 سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، \m ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، \m شادلىنىدىغان شەھەر؛ \m سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، \m ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛ \m \v 3 ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ \m ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ \m يىراققا قاچقان بولسىمۇ، \m سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى. \m \v 4 شۇڭا مەن: ــ \m «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ \m مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ \m خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم.\f □ \fr 22:4 \ft \+bd «خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ بۇلىنىپ...». \+bd «خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر؛ بىراق، شۈبھىسىزكى، خۇدا ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ.\f*  \x + \xo 22:4 \xt يەر. 8‏:23\x* \m \v 5 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، \m ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، \m ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، \m ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، \m سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، \m تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. \m \v 6 ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، \m كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ.\f □ \fr 22:6 \ft \+bd «ئېلام»\+bd* ــ بابىلنىڭ قوشنىسى، بېشارەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان («كىر»نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز). بۇ بېشارەت بەلكىم يەشاياغا كەلگۈسىدە بابىل ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.\f* \m \v 7 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، \m ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، \m ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. \m \v 8 ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ \m بىراق سەن \add زىئون\add* شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛ \f □ \fr 22:8 \ft \+bd «ئورمان سارايى»\+bd* ــ «ئورمان سارايى»نى سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان، شۇ يەردە كۆپ ساۋۇت-قوراللار ساقلانغانىدى («1پاد.» 7-بابنى ۋە 14:10-17-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، \m پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛ \m \v 10 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار، \m \v 11 شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ \m بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، \m بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار!\f □ \fr 22:11 \ft \+bd «...سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق ... بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار»\+bd* ــ 8-12-ئايەتلەرگە قارىغاندا، يېرۇسالېمدىكىلەر دۈشمەن قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى (مەسىلەن، ساۋۇتلارنى، قالقانلارنى تەييارلاش، سېپىلنى مۇستەھكەملەش، يېڭى سۇ ئامبىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلار)نى قوللانغانلىقىنى تەبرىكلەشمەكتە ئىدى، بەلكىم بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۈننى ئايرىغان بولۇشى مۇمكىن (12-ئايەتنى كۆرۈڭ ــ «شۇ كۈنى...»). يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارنى «تەدبىرلەر»گە تايانماي، «مۇشۇلارنى ياراتقۇچى» خۇداغىلا تايىنىش كېرەك دەپ دەۋەت قىلسىمۇ، ئۇلار قەتئىي ئاڭلىمايدۇ.\f* \m \v 12 شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، \m چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، \m بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.\f □ \fr 22:12 \ft \+bd «يىغلاپ ماتەم تۇتۇش...، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇش...، بۆز كىيىم كىيىش...»\+bd* ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىشنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى.\f* \m \v 13 بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، \m كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، \m گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، \m «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى!\x + \xo 22:13 \xt يەش. 56‏:12؛ 1كور. 15‏:32\x* \m \v 14 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، \m «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. \f □ \fr 22:14 \ft \+bd «مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەر ئۆلمىگۈچە مۇشۇ گۇناھ ئۈچۈن كافارەت قىلىنمايدۇ».\f* \b \m \s1 ئوردىدىكى غوجىدار شەبناغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 15 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ \m «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، \m ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ \f □ \fr 22:15 \ft \+bd «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن..»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «غوجىدار» (ياكى «خەزىنىچى») «ئايالچە رود» بىلەن كەلگەن بولۇپ، بەلكىم شەبنانىڭ خېلى بىر خۇشامەتچى، كۆتۈرمىچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 16 ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ \m ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ \m بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، \m ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، \m ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟ \m \v 17 مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ، \m \v 18 ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. \m سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، \m ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، \m ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى!\f □ \fr 22:18 \ft \+bd «غوجاڭ»\+bd* ــ ئىسرائىل پادىشاھى ھەزەكىيانى كۆرسىتىدۇ. «2پاد.» 18-بابنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 19 مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن. \b \m \s1 بېشارەتنىڭ داۋامى ــ ئېلىئاكىم، ئىشەنچلىك ئادەم \m \v 20 شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، \m مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛\x + \xo 22:20 \xt 2پاد. 18‏:18،26،37\x* \m \v 21 سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، \m سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ \m ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ. \m \v 22 داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ \m ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، \m ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ.\x + \xo 22:22 \xt ۋەھ. 3‏:7 \x* \m \v 23 مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ \m ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛ \m \v 24 خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ \m يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، \m بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، \m پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ. \m \v 25 شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، \m ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى. \f □ \fr 22:25 \ft \+bd «مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا،...»\+bd* ــ بەزى شەرھچىلەر مۇشۇ سۆزلەر ئېلىئاكىمنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ ــ دېمەك، «ئۇ ئىشەنچلىك ئادەم بولغىنى بىلەن، بەرىبىر يىقىلىپ كېتىدۇ؛ پەقەت خۇداغىلا تايانغىلى بولىدۇ». \fp بىراق مۇشۇ ئىش ئوخشاشلا «شۇ كۈنىدە» بولىدۇ، دېيىلىدۇ. پىكرىمىزچە يەشايا يەنە شەبنانىمۇ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ئەسلىدە «مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن» بىر قوزۇق، يەنى ئوردىدىكى ئىشلارنى باشقۇرغۇچى ئىدى. ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئېلىئاكىم، يەنى خۇدا ئېيتقان «مېنىڭ قۇلۇم»، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.\f* \b \b \m \c 23 \s1 تۇرنىڭ ئاقىۋىتى ــ ۋەيرانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇلغان مەرسىيە \m \v 1 تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \m ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! \m چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى، \m شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق. \m سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر \add كېمىدىكىلەر\add*گە ئايان قىلىنىدۇ.\f □ \fr 23:1 \ft \+bd «تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي»\+bd* ــ تۇر بولسا (خەرىتىنى كۆرۈڭ) دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى زاماندىكى بىر «سىنگاپور»غا ئوخشايدىغان بىر شەھەر ئىدى. تۇر شەھىرى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىرى، كىچىك ئارال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن مۇستەھەكەم بىر قەلئە سېلىنغان. ئىككىنچىسى ئۇدۇلدىكى دېڭىز بويىدىكى ئىنتايىن پۇختا سېپىللىق شەھەر. تۇر ئاساسەن دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلاتتى؛ ئۇنىڭ كېمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېقىندى بولغان «ئۈچ تارشىش»تىكى (16:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ) كېمىلەر ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن بېيىپ كەتكەن. تاۋارلارنى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەللەردىن ئىمپورت قىلىپ، پەلەستىنگە ساتقان؛ پەلەستىندىكى مەھسۇلاتلارنىمۇ سېتىۋېلىپ دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلغان. بېيىغاندىن كېيىن، تۇر ئىنتايىن تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنىدى. دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. \fp \+bd «سېپرۇس ئارىلىدىن...»\+bd* ــ ياكى «كىتتىيلارنىڭ زېمىنىدىن...».\f*  \x + \xo 23:1 \xt يەر. 47‏:4؛ ئ‍ەز. 26؛ 27؛ 28؛ زەك. 9‏:3، 4\x* \m \v 2 زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر، \m ئەمدى شۈك بولۇڭلار!\f □ \fr 23:2 \ft \+bd «زىدون»\+bd* ــ بولسا تۇرغا يېقىن رايون بولۇپ، تۇر بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغان. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ. \+bd «ئى ئارالدىكىلەر،...»\+bd* ــ تۇردىكى ئارالدا تۇرغانلار.\f* \m \v 3 شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار، \m يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛ \m ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى! \m \v 4 ئى زىدون، خىجالەت بول، \m چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ \m «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، \m يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!»\f □ \fr 23:4 \ft \+bd «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!»\+bd* ــ دېمەك، تۇرنىڭ ياشلىرى يوقاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ «ئانىسى»، يەنى دېڭىز: «بالىلارنى ھېچ تۇغمىغاندەكمەن» ــ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى سەۋەبى تېخى كۆرسىتىلمىدى.\f* \m \v 5 مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە، \m ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ. \m \v 6 ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار! \m ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار!\f □ \fr 23:6 \ft \+bd «سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار!»\+bd* ــ دېمەك، تۇردىكىلەر قېچىشى كېرەك.\f* \m \v 7 سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، \m شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! \m مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ!\f □ \fr 23:7 \ft \+bd «... پۇتلىرى ئۇلارنى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ كېمە بىلەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ پىيادە ماڭغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.\f* \m \v 8 تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان، \m سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان، \m دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟ \m \v 9 ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر! \m مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش، \m جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت! \m \v 10 تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! \m چۈنكى \add تۇردىن\add* كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق.\f □ \fr 23:10 \ft \+bd «تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى تۇردىن كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ. تارشىش تۇرغا بېقىندى بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھازىر «ئەركىن» بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىقتىسادىي يۆلەنچۈكىمۇ يوق بولىدۇ.\f* \m \v 11 چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ، \m دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ. \m ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، \m ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن.\f □ \fr 23:11 \ft \+bd «ۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان...»\+bd* ــ تۇر شەھىرى ئەسلىدە قانائان زېمىنىدا، دەپ ھېسابىلىغىلى بولىدۇ.\f* \m \v 12 ۋە: ــ \m «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، \m سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، \m ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، \m ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى.\f □ \fr 23:12 \ft \+bd «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى...»\+bd* ــ زىدون ئاسۇرىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ قىزلىرى، شۈبھىسىزكى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. تۆۋەندىكى 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 13 قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! \m بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ \m ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛ \m پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن.\f □ \fr 23:13 \ft \+bd «قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان...»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 745-يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر «پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولماقچى بولۇپ»، كەڭ كۆلەمدە جەڭ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ 738-يىلى ئۆزىنىڭ ھەربىي قوماندانىنى تۇرنى ئىدارە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. تۇر ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ كېيىنكى پادىشاھى شالمانئەزەرنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارشى جەڭ قىلدى، ئاخىردا ئاسۇرىيەلىكلەر تۇرنى تاشلاپ كەتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە ئاسۇرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. شۇ چاغدا تۇر مىسىر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، تۇرنىڭ «يۆلەنچۈكى» زىدون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كۆپ ۋەيرانچىلىق قىلغان، تۇرنىڭ سودىسىنى ئاساسەن ئۈزۈپ قويغان. \fp مۇشۇ ئايەتلەردە شۇ ئىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە كېرەك. ئايەتلەردە: ئاسۇرىيەلىكلەر بابىل-كالدىيەنى ۋەيران قىلغانلىقىغا، چىرايلىق بىنالارنى «چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغانلىقى»غا قاراڭلار، مۇشۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىڭلار دېيىلىدۇ. بۇ بەلكىم «سىلەرگىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېگەنلىكتىن بېشارەت بولسا كېرەك. \fp مۇشۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى «بۈيۈك ئىسكەندەر» تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئىسكەندەر پۈتۈن سېپىللىق شەھەرنى، جۈملىدىن ئارالدىكى قورغانلارنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.\f* \m \v 14 ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! \m چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى.\f □ \fr 23:14 \ft \+bd «تارشىش»\+bd* ــ 2-باب، 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 15 ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى، \m پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك، \m تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ. \m يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، \m تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛\f □ \fr 23:15 \ft \+bd «تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ»\+bd* ــ «يەتمىش يىل» مۇشۇ مەزگىل بەلكىم ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلىدىكى ۋەيرانچلىقىدىن باشلىنىدۇ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 630-يىلىدىكى ئاسۇرىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زاۋال تېپىشى، شۇنداقلا تۇرنىڭ سودىسىنىڭ يەنە بازار تېپىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. \fp يەشايا ئاشۇ چاغدىكى تۇرنى قېرى پاھىشە ئايالغا، خېرىدارلارنى چاقىرىش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتقانغا ئوخشىتىدۇ. پاھىشە ئايالغا ئوخشاش، ئۇ پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىدى.\f* \m \v 16 چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر، \m ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال! \m ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ، \m يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت! \m \v 17 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، \m يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، \m پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ، \m يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛ \m ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ، \m چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. \f □ \fr 23:18 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ... ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئاخىرقى ئايەت تۇر ئۈچۈن ئۈمىد كۆرسىتىدۇ، ئۇلار كەلگۈسىدە مال-مۈلۈككە ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا بېقىنىدى بولىدۇ. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاخىرقى زاماندا بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئىسرائىل بابىلدىن قايتقىنىدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى)، يېڭى مۇقەددەس ئىبادەتخانا قۇرۇلغاندا، تۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىس ماتېرىيال تەمىنلىگەنلىكى بەلكىم بېشارەتنىڭ بىر «قىسمەن» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر (تەۋراتتىكى «ئەزرا» 3-باب).\f* \b \b \m \c 24 \s1 ئاخىرقى زامانلار •••• دۇنيانىڭ گۇناھ ئارقىلىق بۇلغىنىشى \m \v 1 مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ، \m ئۇنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىپ، \m ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىدۇ؛ \m \v 2 شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى، \m خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛ \m قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ \m دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ \m سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ \m ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ \m ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ.\f □ \fr 24:2 \ft \+bd «كاھىن»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خەلقلەرگە ۋەكىل بولغان قۇربانلىق قىلغۇچى. \+bd «سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ... ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، جەمئىيەتنىڭ ھەربىر تەبىقىدىكىلىرى ئوخشاشلا خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.\f*  \x + \xo 24:2 \xt ئ‍ەز. 7‏:12، 13\x* \m \v 3 يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ، \m پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى. \m \v 4 يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، \m جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، \m يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ. \m \v 5 يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ \m \add تەبىئەتنىڭ\add* قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، \m مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن.\f □ \fr 24:5 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن...»\+bd* ــ قايسى كۆرسەتمە-قانۇنلارنى بۇزغان؟ پەقەت مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگىنىلا ئەمەس، يەنە نۇھ پەيغەمبەرگە كۆرسىتىلگەن قانۇن ۋە ئەھدىنى كۆرسەتسە كېرەك. «يار.» 9-بابنى كۆرۈڭ. نۇھ پەيغەمبەرگە ھەم مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇشۇ ئىككى ئەھدىگە ئاساسەن قاتىللىق قەتئىي مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇھقا تاپشۇرۇلغان ئەھدە بويىچە، خۇدا ھاۋا رايىنى ھەم يەر يۈزىدىكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بېكىتكەن؛ بىراق ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ھاۋا رايىنى بۇزۇپ تاشلىغان، شۇنداقلا بۈگۈنمۇ بۇزماقتا، شۇنىڭدەك ئىنسانلار نۇرغۇن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ۋە بولىدۇ. مەسىلەن، ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇپ، بەچچىۋازلىقنى نورمال ئىش دەپ بىلىش قاتارلىقلار.\f* \m \v 6 شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، \m ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، \m شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، \m ئىنسانلار ئاز قالىدۇ. \x + \xo 24:6 \xt يەش. 9‏:18؛ 10‏:16\x* \b \m \s1 بالايىئاپەت تەپسىلاتلىرى \m \v 7 يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى، \m ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛ \m كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛ \m \v 8 داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ، \m كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ، \m چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ.\x + \xo 24:8 \xt يەر. 7‏:34؛ 16‏:9؛ 25‏:10؛ ئ‍ەز. 26‏:13؛ ھوش. 2‏:13\x* \m \v 9 شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ \m ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ.\x + \xo 24:9 \xt يەش. 16‏:1\x* \m \v 10 تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ \m ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛\f □ \fr 24:10 \ft \+bd «تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر»\+bd* ــ يەشايا قايسى شەھەر ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ. \fp 13-بابتا بابىل شەھىرى پۈتۈن خۇداسىز دۇنيانى كۆرسەتكەندەك (مەسىلەن، 13-باب، 5- ۋە 9-ئايەتنى كۆرۈڭ) مۇشۇ ئايەتلەر ئوخشاشلا پۈتكۈل خۇداسىز دۇنيانى بىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، يەشايا ئوقۇرمەنلەرگە يەنە، بابىل (بابىلون) شەھىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى (تەۋرات، «يارىتىلش» 11-بابنى كۆرۈڭ). شەھەرلەر بولسا ئىنسانىيەتنىڭ بار كۈچ-قۇدرىتى، قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولىدۇ. بىراق مۇشۇلار ئىخلاسسىز، خۇداغا تايانمىغان ھالدا قىلىنغان بولسا، ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولىدۇ، خالاس. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نامسىز شەھەر خۇداسىز دۇنيانى بىلدۈرىدۇ. \fp شەھەر مەنىسىز، ئۇنىڭكى تۇرمۇشى مەنىسىز، خۇداسىز ياشاش مەنىسىز. \fp باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن (مەسىلەن، دانىيال) كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيا بىر شەھەر، بىر مۇستەبىت ھۆكۈمدار ئاستىدا بولىدۇ. مۇشۇ شەھەر بەلكىم «يېڭى بىر بابىل» بولۇشى كېرەك. 1985-يىلى ئىراقتىكى سادام ھۈسەين قەدىمكى بابىل شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇشنى نىيەت قىلغىنى بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي جېنىدىن ئايرىلدى. \+bd «ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەممە ئۆينىڭ ئىشىكى توسۇلۇپ قېلىپ، ھېچكىم كىرەلمەيدۇ».\f* \m \v 11 كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ \m يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ.\f □ \fr 24:11 \ft \+bd «كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ...»\+bd* ــ غەلىتە ئىش شۇكى، شاراب خەقلەرگە ھېچ تەسەللى بېرەلمىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى ئىزدەيدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر!\f* \m \v 12 شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، \m دەرۋازا بولسا چېقىلغان، \m ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ! \f □ \fr 24:12 \ft \+bd «دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ»\+bd* ــ دەرۋازا ھېچقانداق مۇداپىئە رولى قالمايدۇ.\f* \b \m \s1 ئىنساننىڭ «قالدىسى» \m \v 13 چۈنكى خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا، \m يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى، \m زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك، \m ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 24:13 \ft \+bd «يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا»\+bd* ــ ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 24:13 \xt يەش. 17‏:6\x* \m \v 14 \add قالدىلار\add* بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ \m ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ.\f □ \fr 24:14 \ft \+bd «قالدىلار بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ يۇقىرىدىكى 6-ئايەتتە «ئىنسانلار ئاز قالىدۇ» دېيىلىدۇ. مۇشۇ ئايەتتىكى «قالدىلار» بولسا دەل شۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بالايىئاپەت ئىچىدە توۋا قىلىپ خۇدانى ئىزدىگەنلەردۇر. بۇ خۇداغا سادىق بولغان «قالدى خەلق» «يەشايا» ۋە تەۋراتتىكى كۆپ باشقا كىتابلاردا تىلغا ئېلىنىدۇ.\f* \m \v 15 شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، \m ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛ \m \v 16 جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ \m «ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!» \b \m بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ \m «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! \m چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ \m بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!\f □ \fr 24:16 \ft \+bd «بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! ... بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر پەيغەمبەرنىڭ خۇدانىڭ ئاخىر زامانلار توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئايان قىلغان ۋەھىيلىرىگە بولغان ئىنكاسىنى ــ ھەم خۇشاللىق ھەم خۇشاللىق ئىچىدە بولغان قايغۇسىنى، يەنى دۇنيانىڭ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ قايغۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ ... خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!»\+bd* ــ مۇشۇ تەكرارلاش، بەلكىم، ئاخىردا ھەر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلمىغان بولسا، ناھايىتى قاتتىق گۇناھقا چۆمۈپ كېتىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارغا گۇناھ بېكىتىلگەندەك قىلىدۇ (ئىنجىل، «ۋەھ.» 22:11نى كۆرۈڭ). يەشايا گۇناھنىڭ جازاسىنى كۆرۈپلا يەنە ناھايىتى ئازابلىنىدۇ.\f* \m \v 17 ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار! \m ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛\x + \xo 24:17 \xt يەر. 48‏:43\x* \m \v 18 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، \m ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ، \m ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ. \m چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ، \m يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ.\f □ \fr 24:18 \ft \+bd «ۋەھىمە.. ئورا.. تۇزاق..»\+bd* ــ بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ئاھاڭى ئىبرانىي تىلىدا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر.\f*  \x + \xo 24:18 \xt يەر. 48‏:44؛ ئام. 5‏:19\x* \m \v 19 يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ، \m يەر پۈتۈنلەي پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ، \m يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ. \m \v 20 يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛ \m خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. \m چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، \m ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ.\x + \xo 24:20 \xt ئايۇپ 27‏:18؛ يەش. 1‏:8؛ 19‏:14\x* \m \v 21 شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، \m پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، \m ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ.\f □ \fr 24:21 \ft \+bd «يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلار»\+bd* ــ بەلكىم شەيتاننىڭ جىنلاردىن تەركىب تاپقان، تۆۋەن ئاسمانلاردا يۈرىدىغان قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 22 ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ، \m گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. \m نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ.\f □ \fr 24:22 \ft \+bd «نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار يوقلىنىدۇ». خۇدا مەلۇم خەلقنى «يوقلىسا»، بۇ يوقلاشنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنى (ئا) بەرىكەتلەش ئۈچۈن ياكى (ئە) جازالاش ئۈچۈن بولىدۇ. \fp بۇ سىرلىق بېشارەتنى ئىنجىل «ۋەھىي» قىسمىدىن كۆپرەك چۈشىنىمىز. قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بۇ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە، بار جىن-شەيتانلار (ئۈستۈندىكى قوشۇنلار...)نى ھاڭغا تاشلايدۇ. ئۇلار يەنە بىر مىڭ يىلدىن كېيىن يەر يۈزىدىكىلەرنى سىناش ئۈچۈن ۋاقىتلىق قويۇۋېتىلىدۇ. «ۋەھىي» 19-20-بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 23 ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ \m كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ \m چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ \m ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ! \x + \xo 24:23 \xt يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31؛ 3‏:15\x* \b \b \m \c 25 \s1 خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى ناخشا \m \v 1 پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛ \m مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن، \m مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن، \m چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى، \m سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن. \m \v 2 چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك، \m قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب، \m ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن، \m ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ.\x + \xo 25:2 \xt يەش. 21‏:9؛ 23‏:13؛ ۋەھ. 14‏:8؛ 18‏:2\x* \m \v 3 شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ، \m ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛ \m \v 4‏-5 چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، \m يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، \m بورانغا دالدا، \m ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ \m چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، \m قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. \m بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، \m سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ \m ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ. \m \v 6 ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ \m مايلىق يېمەكلىكلەر، \m سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، \m يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، \m سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛\f □ \fr 25:6 \ft \+bd «يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر»\+bd* ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن، شۇنداقلا بارلىق قەدىمكى خەلقلەر ئۈچۈن مايلىق ۋە يىلىكلىك يېمەكلىكلەر ئەڭ ئېسىل تاماق ئىدى.\f* \m \v 7 ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى، \m بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛ \m \v 8 ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! \m رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ \m پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان.\x + \xo 25:8 \xt 1كور. 15‏:54\x* \m \v 9 ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ \m «مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، \m ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛ \m مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، \m بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز. \m \v 10 چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛ \m ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛\f □ \fr 25:10 \ft \+bd «مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا شۇنداق قىلىپ، بەخت ۋە ئارام ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تونۇتىدۇ.\f* \m \v 11 \add موئاب\add* ئاشۇ \add تېزەكلىك\add* ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ، \m بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، \add رەب\add* ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ.\f □ \fr 25:11 \ft \+bd «رەب ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ».\f*  \x + \xo 25:11 \xt يەش. 16‏:6\x* \m \v 12 ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ، \m يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، \m توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. \b \b \m \c 26 \s1 ئىككى شەھەر ــ يېڭى يېرۇسالېم ۋە «دۇنيانىڭ شەھىرى» \m \v 1 شۇ كۈنىدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا مۇنۇ ناخشا ئېيتىلىدۇ: ــ \m «مۇستەھكەم بىر شەھىرىمىز بار؛ \m ئۇ نىجاتلىقنى ئۇنىڭغا سېپىل ۋە تىرەكلەر قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ.\f □ \fr 26:1 \ft \+bd «ئۇ نىجاتلىقنى ئۇنىڭغا سېپىل ۋە تىرەكلەر قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ»\+bd* ــ «ئۇ» ــ رەب پەرۋەردىگارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 26:1 \xt زەب. 46‏:4-5؛ 125‏:1؛ پەند. 18‏:10\x* \m \v 2 ۋاپادارلىقتا چىڭ تۇرغان ھەققانىي ئەلنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، \m دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىڭلار! \m \v 3 كىم ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئوي-خىيالى ساڭا باغلىغان بولسا، \m سەن ئۇنى مۇتلەق خاتىرجەملىكتە ساقلايسەن؛ \m چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنچ-ئېتىقاد باغلىغاندۇر. \m \v 4 مەڭگۈگە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ \m چۈنكى ياھ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئەبەدىلئەبەدلىك بىر قورام تاشتۇر. \f □ \fr 26:4 \ft \+bd «ياھ»\+bd* ــ بولسا «ياھۋەھ»نىڭ قىسقارتىلغان شەكلى (1:1-ئىزاھاتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 5 چۈنكى ئۇ يۇقىرىدا تۇرغانلارنى پەسكە چۈشۈرىدۇ؛ \m ئاشۇ ئالىي شەھەرنى، ئۇ پەس قىلىدۇ؛ \m ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ، \m توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ.\f □ \fr 26:5 \ft \+bd «يۇقىرىدا تۇرغانلار»\+bd* ــ بەلكىم 25-باب، 11-ئايەتتىكى «يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلار»غا ئوخشاش، جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «ئاشۇ ئالىي شەھەر»\+bd* ــ بەلكىم دۇنيادىكى خۇداسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بابىل، يەنى يۇقىرىقى بابلاردىكى «مەنىسىز شەھەر» بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 6 ئۇ پۇت بىلەن چەيلىنىدۇ؛ \m ئۇ مۆمىنلەرنىڭ پۇتلىرى، \m مىسكىنلەرنىڭ قەدەملىرى بىلەن چەيلىنىدۇ! \m \v 7 ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ \m ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، \m سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن. \m \v 8 ئى پەرۋەردىگار، بىز دەرھەقىقەت سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ يولىدا مېڭىپ، سېنى كۈتۈپ كەلدۇق؛ \m جېنىمىزنىڭ تەشنالىقى شۇدۇركى، نامىڭ ۋە شۆھرىتىڭ ئاشسۇن! \m \v 9 ۋۇجۇدۇم بىلەن كېچىلەردە ساڭا تەشنا بولدۇممەن؛ \m بەرھەق، تاڭ سەھەرلەردىمۇ روھىم بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ئىزدىدىم؛ \m چۈنكى ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا، \m يەر يۈزىدىكىلەر ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ.\f □ \fr 26:9 \ft \+bd «ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار: ــ بىرىنچىسى «ئادىل قانۇنلىرىڭ دۇنيادا (خەلقىڭنىڭ ياخشى قىلغانلىقى ئارقىلىق) ئايان قىلىنسا...». \fp ئىككىنچى مەنىسى «تەربىيىلىك جازا ھۆكۈملىرىڭ دۇنيادا پەيدا بولسا...». ئىككىلا مەنىسى، بولۇپمۇ ئىككىنچى مەنىسى توغرا بولسا كېرەك (10-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 10 رەزىل ئادەمگە رەھىم كۆرسىتىلسىمۇ، \m ئۇ يەنىلا ھەققانىيلىقنى ئۆگەنمەيدۇ؛ \m ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ، \m پەرۋەردىگارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى كۆرمەيدۇ.\f □ \fr 26:10 \ft \+bd «ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ (رەزىل ئادەم) يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ»\+bd* ــ ئادىللىقنى بەجا كەلتۈرۈش بىئادىل مۇھىت ئاستىدا تەس، ئەلۋەتتە. ئەتراپتىكىلەر ئادىل بولسا، ئۆزىنىڭ ئادىل بولمىقى ئاسانراق بولىدۇ. بىراق رەزىللەر يەنىلا بىئادىللىق قىلىدۇ.\f* \m \v 11 ئى پەرۋەردىگار، قولۇڭ كۆتۈرۈلدى، \m بىراق ئۇلار كۆرمەيدۇ. \m ھالبۇكى، ئۆز خەلقىڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى ئۇلار كۆرىدۇ ھەم خىجىل بولىدۇ؛ \m كۈشەندىلىرىڭ ئۈچۈن \add تەييارلانغان\add* ئوت ئۇلارنى بەرھەق يۇتۇۋېتىدۇ. \m \v 12 ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە خاتىرجەملىك نېسىپ قىلىسەن؛ \m چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن.\f □ \fr 26:12 \ft \+bd «چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ھەممە ئەمەللىرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى ئۆزۈڭدۇرسەن».\f* \m \v 13 دەرۋەقە، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، ئىلگىرى سەندىن باشقا «رەبلەر» ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ \m ئەمدىلىكتە پەقەت ساڭا تايىنىپلا نامىڭنى ئەسلەپ تىلغا ئالىمىز.\f □ \fr 26:13 \ft \+bd «ئەمدىلىكتە پەقەت ساڭا تايىنىپلا نامىڭنى ئەسلەپ تىلغا ئالىمىز»\+bd* ــ خۇدانىڭ «قالدىسى»ى، يەنى خۇداغا سادىق بولغانلار، «پەقەت سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ ئارقىلىقلا سادىق بولدۇق» دېگەندەك ئېتىراپ قىلىدۇ.\f* \m \v 14 ئۇلار بولسا ئۆلدى، قايتىدىن ياشىمايدۇ؛ \m ئەرۋاھ بولۇپ كەتتى، قايتا تىرىلمەيدۇ؛ \m چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ يوقاتتىڭ، \m ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ ئېسىدىمۇ قىلچە قالدۇرمىدىڭ.\f □ \fr 26:14 \ft \+bd «ئۇلار بولسا ئۆلدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇلار» 13-ئايەتتىكى «باشقا رەبلەر»، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ياكى ئىسرائىل چوقۇنغان بۇتلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلار بولسا كېرەك.\f* \m \v 15 سەن ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، \m ئۆزۈڭگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنسەن؛ \m زېمىننىڭ چېگرالىرىنى ھەرتەرەپكە ئۇزارتقانسەن. \f □ \fr 26:15 \ft \+bd «سەن ئەلنى... زېمىننىڭ ... ھەرتەرەپكە ئۇزارتقانسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «سەن... ئەسلىدە ئۇلارنى (ئەلنى، يەنى ئىسرائىلنى) جاھاننىڭ ئەڭ چېتىگە سۈرگۈن قىلغانسەن».\f* \b \m \s1 ئىسرائىل قانداق يول بىلەن ئازاد قىلىنغان؟ \m \v 16 ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار دەرد-ئەلەم ئىچىدە قالغاندا، سېنى ئىزدىدى؛ \m تەربىيىلىك جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، \m ئۇلار ئاھ ئۇرۇپ، پىچىرلاپ بىر دۇئانى قىلدى: ــ \m \v 17 «بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، \m بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار.\x + \xo 26:17 \xt يـۇھ. 16‏:21\x* \m \v 18 بىز ئىككى قات بولۇپ، \m تولغاققا چۈشتۇق، \m بىراق پەقەت يەللا چىقاردۇق؛ \m يەر يۈزىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچ نىجات-قۇتقۇزۇشنى يەتكۈزمىدۇق؛ \m دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى». \f □ \fr 26:18 \ft \+bd «دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دۇنيادا تۇرغانلار ھېچ يىقىلمىدى» (دېمەك، ئۇرۇشتا بىزدە ھېچ غەلىبە بولمىدى). بىراق بىزنىڭچە يۇقىرىقى تەرجىمىسى توغرا. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەت خۇدانىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق بولغان چوڭقۇر مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق دۇنيادىكىلەرگە نىجات-قۇتقۇزۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى يېڭى ھاياتقا، يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈپ، قايتىدىن تۇغدۇرماقچى. لېكىن ئىسرائىل خۇدانىڭ شۇ مەقسىتىگە قورال بولۇشقا لايىقەتسىز بولۇپ قالدى . شۇڭا خۇدا ئۆزى (19-20ئايەتلەر ۋە تۆۋەندىكى بابلارغا ئاساسەن) شۇ ئىشنى قىلىدۇ، دەيدۇ.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىلنىڭ دۇئاسىغا بولغان جاۋابى \m \v 19 «ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر ياشايدۇ؛ \m مېنىڭ جەسىتىمنىڭ \add تىرىلىشى بىلەن تەڭ\add* ئۇلارمۇ تىرىلىدۇ. \m ئى توپا-چاڭدا ياتقانلار، ئويغىنىپ ناخشا ياڭرىتىڭلار! \m شەبنىمىڭ تاڭ سەھەرنىڭ شەبنىمىدەكتۇر؛ \m يەر-زېمىن ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ.\f □ \fr 26:19 \ft \+bd «ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر»\+bd* ــ بۇ سۆزنى ئاڭلاۋاتقان «قالدى»لارنىڭ ئۆزى سۆيگەن مەرھۇملارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «مېنىڭ جەسىتىمنىڭ تىرىلىشى بىلەن تەڭ ئۇلار تىرىلىدۇ»\+bd* ــ بەزىدە ئىبرانىي تىلىدا بىرلىك سان كۆپلۈك ساننى بىلدۈرىدۇ؛ بىراق مۇشۇ ئايەت قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ تىرىلىشى بىلەن باشقىلارمۇ تىرىلىدۇ، دېگەن بېشارەتلىك مەنىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن (ئىنجىل، «مات.» 52:27نى، «رىم.»، 3:6-11نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 20 ئى خەلقىم، كېلىڭلار، \m ئۆيۈڭلارغا كىرىپ، كەينىڭلاردىن ئىشىكلەرنى ئېتىپ قويۇڭلار؛ \m مېنىڭ دەرغەزىپىم ئۆتكۈچە، ئۆزۈڭنى بىر دەملىك يوشۇرۇۋال.\x + \xo 26:20 \xt 2كور. 4‏:17\x* \m \v 21 چۈنكى قارا، \m پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، \m يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ \m يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، \m ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ. \b \b \m \c 27 \s1 شەيتاننىڭ جازالىنىشى •••• ئىسرائىللار يىغىلىپ خۇداغا مېۋە بېرىدۇ \m \v 1 شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، \m يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ \m ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ.\f □ \fr 27:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ... شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ»\+bd* ــ لېۋىئاتان چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھايۋان. بەزى ئالىملار ئۇنى تىمساھ دەيدۇ، بىراق بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز. (تەۋراتتىكى «ئايۇپ» لېۋىئاتان توغرىسىدىكى 41-بابتىكى ئىزاھاتلىرىمىز ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ). \fp «جازالاش» دېگەن سۆزدىن، بىرخىل يامان روھنىڭ كۈچىنىڭ لېۋىئاتاننىڭ كەينىدە تۇرۇشى بىلەن، لېۋىئاتاننى رەزىللىكنىڭ بىر ۋەكىلى بولىدۇ دەپ چۈشىنىمىز. ئىنجىل «ۋەھىي» 12-، 13- ھەم 20-بابقا ئاساسەن چۈشىنىمىزكى، لېۋىئاتان شەيتاننىڭ ئۆزى ھەم ئۆزىنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى ۋەكىلى بولغان دەججالنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ئۇچقۇر يىلان»\+bd* ــ لېۋىئاتان شەيتاننىڭ ئاسماندىكى ئىپادىسى، «تولغانغۇچى يىلان» يەر يۈزىدىكى ئىپادىسى، «ئەجدىھا» دېڭىزدىكى ئىپادىسىدۇر.\f*  \x + \xo 27:1 \xt ۋەھ. 12‏:9\x* \m \v 2 شۇ كۈنى ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار بولىدۇ! \m ئۇ توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىڭلار!\f □ \fr 27:2 \ft \+bd «ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار»\+bd* ــ ياكى «بەك يېقىملىق بىر ئۈزۈمزار».\f* \m \v 3 ئۆزۈم پەرۋەردىگار ئۇنى ساقلايمەن؛ \m مەن ھەر دەقىقە ئۇنى سۇغىرىمەن؛ \m بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز ساقلايمەن. \m \v 4 غەزەپ مەندە قالمىدى؛ \m ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى! \m ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلاتتىم، \m ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم!\f □ \fr 27:4 \ft \+bd «غەزەپ مەندە قالمىدى»\+bd* ــ بەلكىم ئىسرائىلغا قارىتىلغان غەزەپنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى!... ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم!»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئۆز ئۈزۈمزارى بولغان ئىسرائىلغا (5-بابنى يەنە كۆرۈڭ) شۇنچە خۇرسەنلىكى ۋە قىزغىنلىقى باركى، ئۇ «ئۇلارغا بولغان قوغداش مۇھەببىتىمنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بولسۇن ئۈچۈن، بىر تال تىكەنلا پەيدا بولسائىدى!» دەپ تىلىگەندەك قىلىدۇ.\f* \m \v 5 بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ \m ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن، \m دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن!\f □ \fr 27:5 \ft \+bd «بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن!...»\+bd* ــ خۇدا ھەتتا ئۆزىگە قارشى تۇرغان بىر تىكەنگىمۇ توۋا قىلىش، خاتىرجەملىككە كېلىش پۇرسىتىنى يەتكۈزىدۇ! بۇنى ئىككى قېتىم دېيىش، بۇنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت.\f* \m \v 6 كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛ \m ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ، \m ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ. \f □ \fr 27:6 \ft \+bd «ئۇلار (ئىسرائىل) پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز بابىل شەھىرىنىڭ «يەر يۈزىنى شەھەرلەر بىلەن قاپلايلى» (21:14) دېگەن مەقسىتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. \fp شۇ چاغدا بولسا خۇدانىڭ ئۆز ئۈزۈمزارى بولغان ئىسرائىلدىن كۈتكەن ئۈمىدى (5-بابتا خاتىرىلەنگەندەك) كۆپ جەھەتلەردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 27:6 \xt زەب. 72‏:16\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇئامىلىسى \m \v 7 \add پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى\add* ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك \add ئىسرائىلنى\add* ئۇرۇپ باققانمۇ؟ \m ئۇ قىرغانلاردەك \add ئىسرائىل\add* قىرىلىپ باققانمۇ؟\f □ \fr 27:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك ئىسرائىلنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ قىرغانلاردەك ئىسرائىل قىرىلىپ باققانمۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ ئىپادىلىنىدۇ: «ئۇ ئىسرائىلنى ئۇرغانلارنى ئۇرغان دەرىجىدە ئۇنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ (خۇدا) قىرغانلاردەك، ئۇ (ئىسرائىل) قىرىلىپ باققانمۇ؟». \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى باشقىلار ئۇرغان دەرىجىدە ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ياكى ئىسرائىل ئەللەر تەرىپىدىن قىرىلغاندەك پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قىرىلىپ باققانمۇ؟».\f* \m \v 8 سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ \m شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن.\f □ \fr 27:8 \ft \+bd «سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن»\+bd* ــ دېمەك، 7-ئايەتتە دېيىلگىنىدەك، خۇدا ئىسرائىلنى تەربىيىلەپ جازالىغاندا «ئۆلچەمدىن تۆۋەن» جازالىغان؛ شەرق شامىلى زەربىلىك بولغىنى بىلەن دائىملىق ئەمەس، پەقەت تۇرۇپ-تۇرۇپ سوقۇپ تۇرىدۇ. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 27:8 \xt يەر. 30‏:11؛ 46‏:28\x* \m \v 9 ئەمدى شۇ يول بىلەن ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇكى، ــ \m ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ پىشقان مېۋىسى شۇ بولىدۇكى: ــ \m ئۇ قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، \m «ئاشەراھ»لارنى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى زادىلا تۇرغۇزمايدۇ.\f □ \fr 27:9 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى يېپىلىدۇ» ياكى «ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كافارەت قىلىنىدۇ». \+bd «قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلار...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «قۇربانگاھ» بەلكىم بۇتلارغا چوقۇنۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. \+bd «ئاشەراھ»\+bd* ــ «ئاشەراھ» بۇتلىرى ۋە خۇشبۇيگاھلار بولسا، 17-باب، 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 10 چۈنكى مۇستەھكەملەنگەن شەھەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ، \m ئادەمزاتسىز ماكان ھەم تاشلىۋېتىلگەن باياۋاندەك بولىدۇ؛ \m شۇ يەردە موزاي ئوزۇقلىنىدۇ، \m شۇ يەردە يېتىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى يەيدۇ.\f □ \fr 27:10 \ft \+bd «مۇستەھكەملەنگەن شەھەر»\+bd* ــ مۇشۇ «مۇستەھكەملەنگەن شەھەر» بولسا، ئاۋۋال بابىلنى كۆرسەتسە كېرەك؛ بىراق 24:10-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا دېگىنىمىزدەك، بابىلنىڭ ئۆزى كەلگۈسى «پۈتكۈل خۇداسىز دۇنيا»نى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 11 ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛ \m ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. \m چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛ \m شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛ \m ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. \m \v 12 ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، \m پەرۋەردىگار ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە ھەر يەرنى سىلكىيدۇ، \m ۋە سىلەر بىر-بىرلەپ تېرىپ يىغىۋېلىنىسىلەر، \m ئى ئىسرائىل بالىلىرى!\f □ \fr 27:12 \ft \+bd «ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە ئىسرائىلنىڭ بارلىق زېمىنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پات-پات ئىشلىتىلىدۇ. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 27:12 \xt يەش. 17‏:5\x* \m \v 13 ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، \m بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار، \m ۋە مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار كېلىدۇ؛ \m ئۇلار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس تاغ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. \f □ \fr 27:13 \ft \+bd «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ»\+bd* ــ خۇدانىڭ خەلقىنى چاقىرىدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى مۇشۇ «بۈيۈك كاناي» مۇقەددەس كىتابتا باشقا كۆپ يەرلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. يەشايا ئۆزى 18-بابتا ئۇ توغرىسىدا توختىلىدۇ. \fp مۇشۇ يەردە، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاقلىقى، يەھۇدىي ئەمەسلەر (ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار... مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار) خۇداغا تايانغان يەھۇدىيلار بىلەن بىللە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.\f* \b \b \m \c 28 \s1 ئەفرائىم، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇق بىر بېشارەت •••• بىردىنبىر ئۇل نېمە؟ \m \v 1 ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي! \m مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان، \m يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي! \m ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار!\f □ \fr 28:1 \ft \+bd «ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي!...»\+bd* ــ ئەفرائىمنىڭ بەگلىرى ھاراق ئىچىشكە بەك ئامراق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن، ئابرۇيلۇق ئادەملەر ئولتۇرۇشلاردا گۈل تاج تاقايتتى. يەشايا پەيغەمبەر، ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان گۈلى، يەنى ئۇلارنىڭ «شان-شەرىپى» سولىشىپ كېتىپ يوقاي دەپ قالدى، دەيدۇ. ئاچ ئادەم كۆرۈپلا يەۋالىدىغان بىر تال ئەنجۈردەك ئۇلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر بولسا، تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ياكى ئەيش-ئىشرەت قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بەلكى توۋا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈش كېرەك، دېگەنلىكتۇر. \fp «مۇنبەت جىلغا» ــ شىمالىي پادىشاھلىق (ئىسرائىل)نىڭ پايتەختى بولغان سامارىيە جايلاشقان جىلغىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 2 مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛ \m ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك، \m دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك، \m ئەشەددىيلەرچە \add تاجنى\add* يەرگە ئۇرىدۇ. \m \v 3 ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ \m \v 4 ۋە مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىدا تاقىۋالغان، \m ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان سولىشىپ قالغان گۈلى بولسا، \m بالدۇر پىشقان ئەنجۈردەك بولىدۇ؛ \m ئۇنى كۆرگەن كىشى كۆرۈپلا، \m قولىغا ئېلىپ كاپ ئېتىپ يۇتۇۋالىدۇ. \m \v 5 شۇ كۈنىدە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر تاج، \m شۇنداقلا كۆركەم بىر چەمبىرەك بولىدۇ. \m \v 6 ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، \m ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ. \f □ \fr 28:6 \ft \+bd «ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ»\+bd* ــ مۆتىۋەرلەر خەلق ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىش، سوت قىلىش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئولتۇراتتى. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «دۈشمەننى دەرۋازىسىغىچە چېكىندۇرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ» ــ دېمەك، ھۇجۇم قىلىدىغانلارغا كۈچ بولىدۇ.\f* \b \m \s1 يېرۇسالېمدىكى ئەمىرلەرنىڭ ئەھۋالى •••• كىم خۇدانىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدۇ؟ \m \v 7 بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، \m ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ \m ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ \m ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ \m ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ \m ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، \m ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛\f □ \fr 28:7 \ft \+bd «كاھىن»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خەلقلەرگە ۋەكىل بولۇپ قۇربانلىق قىلغۇچى.\f*  \x + \xo 28:7 \xt يەش. 5‏:11\x* \m \v 8 چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى. \f □ \fr 28:8 \ft \+bd «ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، يەشايا ئوردا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن يېرۇسالېمدىكى ئەربابلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا قاتنىشالايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئولتۇرۇشنىڭ سەۋەبى، مىسىر بىلەن ئاسۇرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى توغرىسىدىكى كېلىشىم تۈزگەنلىكنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت ئىدى. يەشايا ھەردائىم مۇنداق ئىتتىپاقنى تۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇلارنىڭ مازاقلىرىغا ئۇچرىغان.\f* \b \m \s1 ئەمىرلەر يەشايانى مازاق قىلىدۇ \m \v 9 «ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟ \m ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟»\f □ \fr 28:9 \ft \+bd «ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟ ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر، بەلكىم، زىياپەتتە ئولتۇرغانلار يەشايانى مازاق قىلىدىغان سۆز بولۇشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار «پەقەت خۇداغىلا تايىنىشىمىز كېرەك» دېگەن خەۋەرنى ئىنتايىن ئاددىي، سەبىي بالىنىڭ كۆزقارىشى، خالاس، دەپ قارايتتى.\f* \b \m \s1 يەشايا جاۋاب بېرىدۇ \m \v 10 ئېزىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟! \m چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، \m قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، \m بۇ يەردە ئازراق، \m شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ...\f □ \fr 28:10 \ft \+bd «ئېغىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر، بەلكىم، يەشايانىڭ جاۋابىنىڭ باشلىنىشى. يەشايا ئۇلارنىڭ «مۇشۇ كۆزقارىشىڭ بەك ئاددىي ئىكەن» دېگەن مازاق گەپلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ: «پەقەت ئاددىي ئادەملەر، سەبىي بالىدەك كىچىك پېئىل كىشىلەرلا مۇشۇلارنى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلالايدۇ. تەكەببۇر، ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلار ھەرگىز چۈشىنەلمەيدۇ»، دەيدۇ. \fp \+bd «چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ...»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزنىڭ ئۈچ مۇھىم نۇقتىسى بار: ــ \fp (1) يەشايا مۇشۇ يەردە كىتابىدىكى بېشارەتلەرنى تولۇق چۈشىنىشكە تولىمۇ مۇھىم بىر ئاچقۇچنى بېرىدۇ. بېشارەتلەر بىر-بىرلەپ، بىرسى بۇ ھەقىقەتنى تەكىتلىسە، بىرسى ئۇ ھەقىقەتنى تەكىتلەيدۇ، ھەممە بېشارەت ئارقىلىق بىزگە قانداق قىلىپ خۇداغا پۈتۈنلەي، ئەتراپلىق ئىشىنىپ تايىنىشنى ئۆگىتىدۇ. \fp (2) «ۋەزمۇۋەز، ... قۇرمۇقۇر...» ئىبرانىي تىلىدا «ساۋ، ساۋ،.... كاۋ، كاۋ، ....» دېگەندەك كىچىك بالىنىڭ تەلەپپۇزىدا ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كىچىك بالىغا ئوخشاش كىچىك پېئىللىق بولۇشى كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ. \fp (3) بالا سۆزلىگەندەك «ساۋ، ساۋ،.... كاۋ، كاۋ، ....» دېگەن سۆزلەر يەنە كېلىپ يات بىر تىلدەك بولۇپ، 11-ئايەتنى تونۇشتۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ.\f □ \fr 28:11 \ft \+bd «چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدالىقلار يات بىر دۆلەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، يات يۇرتقا يۆتكىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئاددىي سۆزلىرىنى «بالىلارچە گەپ» دەپ مازاق قىلىپ رەت قىلىدۇ، نەتىجىدە مۇشۇنداق ئاۋازلار ئۇلاردا يامراپ كېتىدۇ.\f*  \x + \xo 28:11 \xt 1كور. 14‏:21\x* \m \v 12 ئۇ ئۇلارغا: ــ \m «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، \m ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ \m يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ دېگەن، \m بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان.\f □ \fr 28:12 \ft \+bd «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر يەشايا يەتكۈزگەن خەۋەرنىڭ جەۋھىرىدۇر. خۇداغا تايىنىش ــ ئاراملىقتۇر! \+bd «دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ (پەرۋەردىگار) مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ... بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان»\+bd* ــ مەزكۇر بېشارەت (11-13) توغرۇلۇقمۇ «1كور.» 21:14-22 ۋە ئۇنىڭغا باغلىق «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 13 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا: ــ \m «ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، \m قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر. \m مۇشۇ يەرگە ئازراق، \m شۇ يەرگە ئازراق بولىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، \m پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، \m سۇندۇرۇلۇپ، \m تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ.\f □ \fr 28:13 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، ...تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ»\+bd* ــ ئۆزى تاللىغان يولى بىلەن ئالغا باسقىنى بىلەن، نەتىجىسى ھالاكەتتۇر، خالاس.\f*  \x + \xo 28:13 \xt 2كور. 2‏:16\x* \m \v 14 ــ شۇڭا ھەي سىلەر مازاق قىلغۇچىلار، يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇشۇ خەلقنى ئىدارە قىلغۇچىلار، \m پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار! \m \v 15 چۈنكى سىلەر: ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، \m تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛ \m قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، \m ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛ \m چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق، \m يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار،\f □ \fr 28:15 \ft \+bd «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق... يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق»\+bd* ــ ھەرقانداق كىشى مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاغزى بىلەن دېمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى ئايان قىلىدۇ. \fp شۇ چاغدىكى ئەھدە بولسا مىسىر بىلەن بولغانىدى، بىراق يەشايا بېشارەتتە شۇنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم مىسىردىكى بۇ ئەھدە كەلگۈسىدە ئادەمنى تېخىمۇ ئالدايدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى بىر ئەھدىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئەھدىنى ئىسرائىل شەيتاننىڭ ۋەكىلى دەججال بىلەن تۈزىدۇ. «دان.» 27:9، ئىنجىل «ۋەھ.» 2:11، 5:13نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، \m سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، \m قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، \m ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. \m ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ.\f □ \fr 28:16 \ft \+bd «سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا، «سىناق تېشى». بۇ ئىبارە باشقىلارنى سىنايدىغان ھەم ئۆزى سىناقتىن ئۆتكەن بىر تاش، دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.\f*  \x + \xo 28:16 \xt زەب. 118‏:22؛ مات. 21‏:42؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 10‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ 1پېت. 2‏:6، 7، 8\x* \m \v 17 ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن، \m ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛ \m مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، \m ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ.\f □ \fr 28:17 \ft \+bd «ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن»\+bd* ــ ياكى «توغرا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن» (26-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛ \m سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛ \m قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، \m سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر. \m \v 19 ئۇ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا سىلەرنى تۇتىدۇ؛ \m ھەم سەھەر-سەھەرلەردە، \m ھەم كېچە-كۈندۈزلەردىمۇ ئۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، \m بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋەھىمىگە چۈشۈش بولىدۇ. \m \v 20 چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، \m يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ.\f □ \fr 28:20 \ft \+bd «چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك گەپ. ئۇلار خۇدانىڭ ئاراملىقىنى رەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارام ئالماقچى بولغان يولى بولسا ئۆزىگە ھېچ ئارام بەرمەيدۇ.\f* \m \v 21 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى، \m يەنى ئۆزىنىڭ غەيرىي ئەمىلىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، \m ئۆزىگە يات بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، \m پەرازىم تېغىدا تۇرغىنىدەك ئورنىدىن تۇرىدۇ، \m ئۇ گىبېئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلىنىدۇ؛\f □ \fr 28:21 \ft \+bd «پەرازىم تېغى» ۋە «گىبېئون جىلغىسى»\+bd* ــ بۇ ئىككى جايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەۋراتتىكى «2سام.» 17:5-20، 22-ئايەت قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ. خۇدا ئاشۇ يەرلەردە داۋۇت پادىشاھنىڭ تەختىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن فىلىستىيلەر ئۈستىدىن ئىككى قېتىم چوڭ غەلىبە قىلغانىدى. بىراق يەشايا قوبۇل قىلغان ۋەھىيگە ئاساسەن، ئادەمنى جازالاشتىكى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ مۇھەببەتلىك تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي غەيرىي، تۈپتىن يات كېلىدىغان، ئۆزى نەپرەتلىنىدىغان ئىش ئىكەنلىكى ئايان قىلىنىدۇ.\f* \m \v 22 شۇڭا مازاق قىلغۇچىلار بولماڭلار؛ \m بولمىسا، كىشەنلىرىڭلار چىڭ بولىدۇ؛ \m چۈنكى مەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن بىر ھالاكەت توغرىسىدا، \m يەنى پۈتكۈل يەر يۈزىگە قەتئىيلىك بىلەن بېكىتكەن بىر ھالاكەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانمەن. \b \m \s1 ئەقىللىق دېھقاننىڭ تېرىش-يىغىشى توغرىسىدا بىر تەمسىل \m \v 23 ــ قۇلاق سېلىڭلار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار؛ \m تىڭشاڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار. \m \v 24 يەر ھەيدىگۈچى دېھقان تېرىش ئۈچۈن يەرنى كۈن بويى ھەيدەمدۇ؟ \m ئۇ پۈتۈن كۈن يەرنى ئاغدۇرۇپ، \m چالمىلارنى ئېزەمدۇ؟ \m \v 25 ئۇ يەرنىڭ يۈزىنى تەكشىلىگەندىن كېيىن، \m قاراكۆز بەدىياننى تاشلاپ، \m زىرىنى چېچىپ، \m بۇغداينى تاپلاردا سېلىپ، \m ئارپىنى تېرىشقا بېكىتىلگەن جايغا، \m قارا بۇغداينى ئېتىز قىرلىرىغا تېرىمامدۇ؟ \m \v 26 چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنى توغرا ھۆكۈم قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ، \m ئۇ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ. \m \v 27 بەرھەق، قاراكۆز بەدىيان چىشلىق تىرنا بىلەن تېپىلمەيدۇ؛ \m تۇلۇق زىرە ئۈستىدە ھەيدەلمەيدۇ؛ \m بەلكى قاراكۆز بەدىيان بولسا قامچا بىلەن سوقۇلىدۇ، \m زىرە بولسا تۆمۈر-تاياق بىلەن ئۇرۇلۇپ دان ئاجرىتىلىدۇ. \m \v 28 ئۇن تارتىشقا داننى ئېزىش كېرەك، ئەمما \add دېھقان\add* ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ \m ئۇ ھارۋا چاقلىرى ياكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ \m \v 29 مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ \m ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، \m دانالىقتا ئۇلۇغدۇر. \f □ \fr 28:29 \ft \+bd «مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، دانالىقتا ئۇلۇغدۇر»\+bd* ــ 23-29-ئايەتلەرنىڭ ئەسلى تېكىستلىرىدىكى بەزى سۆزلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرىغاچقا، باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرشى مۇمكىن. بىراق ئۈچ ئىش ئېنىق تۇرىدۇ: ــ \fp (1) يەر ھەيدەش ھەم داننى سوقۇپ ئاجرىتىشمۇ كۆرۈنۈشتە يەرگە ياكى دانغا قارىتا «قاتتىق قوللۇق مۇئامىلە» قىلىشقا ئوخشايدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار بەلكىم خۇدانىڭ بىزگە ئىشلىتىدىغان تەربىيە تەدبىرلىرىنى بىلدۈرۇشى مۇمكىن. \fp (2) ھەممىمىز ئەقىللىق دېھقاندىن ئۆگىنەيلىكى، ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ھەممە ئىشنى قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىز يەر ھەيدەش ياكى دان سوقۇپ ئاجرىتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى زوقلىنىش ئۈچۈن قىلمايدۇ؛ ئۇ ئاخىرقى نىشانغا قاراپ، ھەرقايسى ئۇرۇقلارنىڭ ھوسۇلىنى كۆزلەيدۇ. خۇدامۇ ئوخشاشلا ھەممىمىزگە ئوخشىمايدىغان تەربىيىلىك ئۇسۇل قوللىنىپ، بىزدىن ھوسۇل چىقارماقچى. ئۇنىڭ بەزىدە مۇئامىلىسى «قوپال» ياكى قاتتىق كۆرۈنسىمۇ، ئۇ بەرىبىر ھەرقانداق داننىڭ ئۈنۈپ چىقىشىغا كېرەك بولغان شارائىتنى ئوبدان بىلىدۇ، ھەربىرىمىزدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھوسۇل چىقىرىش ئۇسۇلىنى بىلىدۇ. \fp (3) مەلۇم بىر ھوسۇل ئۈچۈن ھەيدەپ-تېرىش ياكى دان ئاجرىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولغىنى بىلەن، ئەقىللىق دېھقان مۇشۇ ئۇسۇلنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي ئىشلىتىدۇ. خۇدا ئوخشاشلا ھەممىمىزنى كىچىك پېئىل، مۇھەببەتلىك كىشىلەردىن قىلىش ئۈچۈن دەل قانداق ھەم قانچىلىك دەرىجىدىكى مۇئامىلىنى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.\f*  \x + \xo 28:29 \xt يەر. 32‏:19\x* \b \b \m \c 29 \s1 يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان «تەربىيىلىك جازالاش» \m \v 1 ئارىئەلگە، داۋۇت ئۆز ماكانى قىلغان ئارىئەلگە ۋاي! \m يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن، \m ھېيت-بايراملار يەنە ئايلىنىپ كەلسۇن؛\f □ \fr 29:1 \ft \+bd «ئارىئەل»\+bd* ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ «خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بېشى» دېگەنلىك، يەنى قۇربانگاھقا ئوت سالىدىغان ئورۇن. مۇشۇ ئىسىم، خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جاي ھەم خۇدانىڭ ئوتىغا ئۇچرايدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم شۇ بابتىكى مەنىسى شۇكى، يېرۇسالېم پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس، بەلكى ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئوتلۇق غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى، دېگەنلىك. \+bd «يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم، «بىر يىلدىن كېيىن» ــ دېمەك (2-8-ئايەتكە ئاساسەن)، ئاسۇرىيە بىر يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا، بېشارەت مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى بېرىلگەن. \fp تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «يىللار كۆپرەك ئۆتسۇن، ھېيت-بايراملار يەنىلا ئۆتكۈزۈلسۇن» قاتارلىق. ئىككى خىل تەرجىمىسى ئوخشاشلا، ۋاقىتمۇ ياكى ھېيت-بايراملاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرمۇ سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 2 بىراق مەن دەرد-ئەلەمنى ئارىئەلگە كەلتۈرىمەن؛ \m داد-پەريادلار كۆتۈرۈلۈپ ئاڭلىنىدۇ؛ \m ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بىر «ئارىئەل» بولىدۇ. \m \v 3 چۈنكى مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ، \m سېنى قامال قىلىپ مۇھاسىرە ئىستىھكاملىرىنى سالىمەن، \m پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن.\f □ \fr 29:3 \ft \+bd «مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ... پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن»\+bd* ــ بېشارەت ئاسۇرىيەنىڭ ھۇجۇمىنى كۆرسەتكەن ئەمەس، بەلكى «بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى»نىڭ بىر ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ (7-ئايەت)؛ شۇڭا ئۇ ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن بېرىلگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدا «ئارىئەل»نى (ھەر قېتىم نىجاتىنى رەت قىلىشى تۈپەيلىدىن) بابىلدىن ئاندىن رىملىقلاردىن (مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىل) \+bd قۇتقۇزغان ئەمەس\+bd*. شۇڭا بېشارەت ئاخىرقى زاماندىكى كۆپ ئەل-يۇرتلارنىڭ (7-ئايەت) يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا ئىسرائىلغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f*  \x + \xo 29:3 \xt يەر. 6‏:3؛ ئ‍ەز. 17‏:17\x* \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن پەس قىلىنىسەن، \m سەن يەر تېگىدىن سۆزلەيدىغان، \m گەپلىرىڭ پەستىن، يەنى توپا-چاڭدىن كېلىدىغان، \m ئاۋازىڭ ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىنىڭكىدەك يەر تېگىدىن چىقىدۇ، \m سۆزلىرىڭ توپا-چاڭدىن شىۋىرلاپ چىققاندەك بولىدۇ؛\x + \xo 29:4 \xt يەش. 8‏:19\x* \m \v 5 شۇ چاغدا دۈشمەنلىرىڭنىڭ توپى خۇددى يۇمشاق توپا-چاڭلاردەك، \m ياۋۇزلارنىڭ توپى شامال ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان توپاندەك توزۇپ كېتىدۇ. \m بۇ ئىش بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولىدۇ!\x + \xo 29:5 \xt ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ 35‏:5-6؛ يەش. 17‏:13؛ 30‏:13\x* \m \v 6 ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ \m گۈلدۈرماما، يەر تەۋرەش، كۈچلۈك شاۋقۇن، قۇيۇنتاز، بوران ۋە يۇتۇۋالغۇچى ئوت يالقۇنلار بىلەن سەندىن ھېساب ئالىدۇ.\f □ \fr 29:6 \ft \+bd «... سەندىن ھېساب ئالىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... سېنى يوقلايدۇ».\f* \m \v 7 شۇنداق قىلىپ ئارىئەلگە قارشى جەڭ قىلىدىغان، \m يەنى ئۇنىڭغا ۋە قەلئە-قورغانلىق مۇداپىئەلەرگە جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى كېچىسى كۆرگەن چۈشتىكى كۆرۈنۈشتەك يوقاپ كېتىدۇ. \m \v 8 ئاچ قالغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، \m چۈشىدە بىر نېمە يەيدۇ؛ \m بىراق ئويغانسا، مانا قورسىقى قۇرۇق تۇرىدۇ؛ \m چاڭقىغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، \m چۈشىدە سۇ ئىچىدۇ؛ \m بىراق ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، \m ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ \m مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ. \f □ \fr 29:8 \ft \+bd «...ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، بۇ چۈشنى كۆرگەن كىشى باشقا ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈشىدە كۆرگەن «تاماق-سۇ» بارلىق ئەللەر يۇتۇۋالماقچى بولغان يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. ئەللەر «يېرۇسالېم بىزنىڭكى» دەپ خام خىيال قىلىپ، تۇيۇقسىز ھەممىدىن ئايرىلىپ، مەغلۇپ بولىدۇ.\f* \b \m \s1 روھىي قارىغۇلۇق، روھىي غەپلەت، پەرۋەردىگارنىڭ دورا-دەرمانى \m \v 9 ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، \m قايمۇقۇپ كېتىڭلار! \m ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار! \m ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس! \m ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس!\f □ \fr 29:9 \ft \+bd «ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار!...»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. يەشايا ئاسۇرىيە ياكى باشقا بېسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلاردىن قۇتۇلۇشنى ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا ئېيتقان (36-37-بابلارنى كۆرۈڭ). ئەمدى مۇشۇ قۇتۇلۇشلارنى كۆرگەنلەر يەنىلا خۇداغا ئىشەنمەي «تاسادىپىيلىقتىن بولغان» ياكى «مىسىر بىلەن بولغان ئىتتىپاقتىن بولغان» دېسە قانداق بولىدۇ؟ \fp ئەگەر ئۇلار شۇ چاغدا «ئارىسالدى» بولسا، ھېچ قارارغا تېخى كەلمىسە، ئۇلار ھەرقانداق بىر ئىشتا باش قاتۇرىدىغان بولىدۇ. يەشايا ئۇلارنىڭ شۇنداق كاجلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن (خۇدانىڭ ئاگاھىنى 10:6-ئايەتتە كۆرۈڭ). شۇڭا ئۇ كىنايە قىلىپ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.\f* \m \v 10 چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ، \m كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛ \m ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش-كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى.\f □ \fr 29:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ... ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كارامەتلىرىنى يەنىلا ئېتىراپ قىلمىغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇلارنى تېخىمۇ ئۆز كاجلىقىدا بېكىتىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلغىنى بىلەن ئۇ ئۇلارنى تېخى تاشلىۋەتمىگەن؛ ئۇ ئۇلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ پۇرسەت 14-ئايەتتە ئالدىنئالا ئېيتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 29:10 \xt رىم. 11‏:8\x* \m \v 11 مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛ \m خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ: ــ \m «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ: ــ \m «ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ. \m \v 12 كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ: ــ \m «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېيىلسە، ئۇ: ــ \m «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 29:12 \ft \+bd «كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ... ئۇ: ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ ساۋاتلىق كىشى بولسا «كىتاب پېچەتلەنگەن» (پېچەتنى بۇزۇشقا ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايمەن) دېگەن باھانىنى كۆرسىتىدۇ. ساۋاتسىز كىشى بولسا ئەلۋەتتە ئوقۇيالمايدۇ؛ بىراق ئۇ ساۋاتلىق كىشىدىنمۇ ئوقۇپ بېرىشنى سورىمايدۇ. دېمەك، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىككى خىل كىشىلەرگە ئوخشاش خۇدانىڭ بەرگەن ۋەھىيسىگە پەرۋايىم پەلەك دەپ يۈرىۋېرىدۇ.\f* \m \v 13 ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، \m تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، \m بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، \m مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛\f □ \fr 29:13 \ft \+bd «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، ... قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس»\+bd* ــ «مات.» 7:15-9، «مار.» 6:7-7نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 29:13 \xt مات. 15‏:8؛ مار. 7‏:6\x* \m \v 14 شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ \m كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ». \f □ \fr 29:14 \ft \+bd «شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن»\+bd* ــ خۇدا ئۇلارغا سەۋر-تاقەت بىلەن يەنە بىر پۇرسەت بەرمەكچى. بۇ پۇرسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق بۇ يەردە دېيىلگەن سۆزلەرگە قارىغاندا بۇ كارامەتنىڭ «ئاسۇرىيەدىن قۇتۇلۇش» دېگەن مۆجىزىدىن بىرنەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقى، ئاجايىبلىقى، كارامەتلىكى ۋە تىلسىماتلىقى بار بولۇشى مۇمكىن. بىز يەنە شۇنداق دەپ قارايمىزكى، يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ ئىشنى كىتابىنىڭ قالغان قىسمىدا بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزى ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئىشلىگەن مۇشۇ كارامىتىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى «دانىشمەنلىك»نى ئۆز-ئۆزىدىن خىجىل قىلىدۇ. «1كور.» 19:1نى كۆرۈڭ. \fp ««ئاقىللارنىڭ ئەقىللىرى» يوشۇرۇنىۋالىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەقلى ھېچ ئەسقاتمايدۇ ھەم باشقىلار ئالدىدا كۆرۈنۈشكە خىجىل بولىدۇ.\f*  \x + \xo 29:14 \xt يەر. 49‏:7؛ ئ‍وب. 8؛ مات. 11‏:25؛ 1كور. 1‏:19\x* \b \m \s1 چوڭ ئۆزگىرىشلەر \m \v 15 ئۆزىنىڭ پۈككەن نىيەتلىرىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاستىن يەرگە كىرىۋالغان، \m ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قىلىدىغان، \m ۋە «بىزنى كىم كۆرىدۇ» ۋە «كىم بىزنى بىلگەن» دېگەنلەرگە ۋاي!\x + \xo 29:15 \xt زەب. 94‏:7\x* \m \v 16 ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! \m ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ \m شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، \m ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟!\x + \xo 29:16 \xt يەش. 45‏:9\x* \m \v 17 چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ \m مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟\f □ \fr 29:17 \ft \+bd «لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟»\+bd* ــ لىۋان كونا زامانلاردىن تارتىپ ئورمانلىرى بىلەن داڭقى چىققان رايون بولۇپ كەلگەن. مۇشۇ ئورمان بىلەن ئۇنىڭ «مېۋىلىك باغ»لىرىنىڭ روللىرى ئالماشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا يۇقىرى ئورۇندا تۇرغانلار ياكى تەكەببۇرلار پەس (بىراق يەنىلا ياخشى ۋە مېۋە بېرىدىغان) ئورۇنغا بېكىتىلىدۇ ۋە كەمتەرلەر بولسا يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلىدۇ، دېمەكچى. قانداقلا بولمىسۇن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىرىدا ئالمىشىش يۈز بېرىدۇ.\f* \m \v 18 شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان، \m قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛\x + \xo 29:18 \xt مات. 11‏:5\x* \m \v 19 مۆمىنلەر بولسا پەرۋەردىگاردىن تېخىمۇ خۇرسەن بولىدۇ؛ \m ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىسكىنلەر ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىن شادلىنىدۇ. \m \v 20 رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ، \m مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛ \m قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛ \m \v 21 مانا \add مۇشۇنداق ئادەملەر\add* ئادەمنى بىر سۆز ئۈچۈنلا جىنايەتچى قىلىدۇ، \m دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ، \m ھەققانىي ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ.\f □ \fr 29:21 \ft \+bd «(ئۇلار) دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ»\+bd* ــ شەھەر دەرۋازىسى سوت قىلىدىغان جاي ئىدى.\f*  \x + \xo 29:21 \xt ئام. 5‏:10\x* \m \v 22 شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، \m ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ؛\f □ \fr 29:22 \ft \+bd شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ»\+bd* ــ دېمەك: ــ \fp (1) «ياقۇپ ئۆز پەرزەنتلىرى (جەمەتى) توغرىسىدا خىجىل بولمايدۇ». ياقۇپ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ قىلمىشلىرىدىن ناھايىتى خىجىل بولۇپ يۈرەتتى («يار.» 34-بابنى كۆرۈڭ). ئاندىن ياقۇپ كېيىنكى دەۋردە پەرزەنتلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرگەن بولسا، تېخىمۇ خىجىل بولغان بولاتتى! بىراق «ھازىر بولسا» (كەلگۈسىدە) ئادىل، ھەققانىي، ساپ دىللىق «يېڭىدىن تۇغۇلغان»، يېڭى بىر پەرزەنتى، يېڭى بىر ئىسرائىل ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ ياقۇپ (تىرىلگەن ۋاقتىدا) ئۇلاردىن ھېچ خىجىل بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. \fp (2) «ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ» ــ ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ بىر-بىرىگە ھەسەتخور بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ياقۇپ كۆپ جاپا تارتقان. ئۇ يۈسۈپنى «ئۆلتۈرۈلگەن» دەپ ئۇزۇن يىللار ماتەم تۇتقان، ئاندىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىنيامىننى «يوقاپ كەتتى» دەپ ئەنسىرەپ ئۆلەي دەپ قالغان. بىراق ئۆز پەرزەنتلىرى توغرىسىدا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ــ چۈنكى «ھازىر بولسا» ھەربىرى خۇدانىڭ باشپاناھىدا ئامان-ئېسەن مەڭگۈ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدۇ.\f* \m \v 23 چۈنكى \add ياقۇپ\add* قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، \m ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان، \m ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان، \m ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ.\f □ \fr 29:23 \ft \+bd «ياقۇپ قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا...»\+bd* ــ مۇشۇ 22-24-ئايەتتە ھەم ياقۇپنىڭ ئۆزىنى (ئىسرائىلنى) ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى (ئىسرائىللارنى) كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ ئۆزى ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 24 روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان، \m قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت-بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ. \b \b \m \c 30 \s1 مىسىر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ــ خۇداغا تايانماسلىقتۇر \m \v 1 «ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m - «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛ \m ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ، \m بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛ \m شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ. \m \v 2 ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛ \m پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ، \m مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە! \m \v 3 چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ. \m مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ. \m \v 4 پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، \m ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ، \f □ \fr 30:4 \ft \+bd «پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ،...»\+bd* ــ شۇ چاغلاردا مىسىر يېڭى بىر پادىشاھ، يەنى پىرەۋن شاباكونىڭ قول ئاستىدا كۈچلۈك، ئىتتىپاقلاشقان بىر دۆلەتكە ئايلانغانىدى. زوئان ۋە ھانەسنىڭ مىسىرنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇشى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك بىرلىكىنى تەكىتلەيدۇ.\f* \m \v 5 ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان، \m ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان، \m بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان، \m ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. \x + \xo 30:5 \xt يەر. 2‏:36\x* \b \m \s1 يۈك ئارتىلىپ مىسىرغا مېڭىشقا تەييارلانغان بىچارە ئۇلاغلار! \m \v 6 نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \m ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ \m شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار، \m چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛ \m ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە، \m گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ، \m ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. \f □ \fr 30:6 \ft \+bd «نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي»\+bd* ــ نەگەۋ بولسا يەھۇدانىڭ جەنۇبى قىسمى بولۇپ، پۈتۈنلەي دەھشەتلىك چۆل-باياۋان. مىسىرغا ماڭىدىغان بىر يول نەگەۋدىن ئۆتىدۇ. \+bd «...يۈكلەنگەن ۋەھىي»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەتنىڭ تېمىسى بىلەن يەشايا چاقچاق قىلىدۇ. «ۋەھىي»نىڭ ئىبرانىي تىلىدا «يۈك» دېگەن يەنە بىر مەنىسى بار. شۇنىڭ بىلەن تېمىنى يەنە «نەگەۋدىكى ئۇلاغلارنىڭ يۈكى» ــ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلاغلار ئەلچىلەرنىڭ ئۆزىنى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈك، ھەدىيىلەرنى كۆتۈرۈپ مىسىرغا بارىدىغان جاپالىق يولدا مېڭىپ ھېرىپ كېتىدۇ. لېكىن مىسىر بىلەن بولىدىغان «ئىتتىپاق» ھېچنېمىگە ئەرزىمىگەچكە، ئۇلارنىڭ يولى بىكارغا كېتىدۇ. يەشايا بىچارە ئۇلاغلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگىنى بىلەن ئەلچىلەرگە ھېچقانداق ھېسداشلىق بىلدۈرمەيدۇ! \+bd «ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ...»\+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، مىسىرغا ئادەتتە ماڭىدىغان يول نەگەۋدىن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەدىن ئۆتىدۇ. نەگەۋدىن ماڭىدىغان يول ناھايىتى جاپالىقتۇر. نېمىشقا مۇشۇ يول بىلەن ماڭىدىكىن؟ ھۆكۈمرانلار مەقسەت-پىلانلىرىنى فىلىستىيەدىن ياكى ئۆز خەلقىدىن مەخپىي ساقلاش ئۈچۈن بولسا كېرەك. قىزىق ئىش شۇكى، ئىسرائىل مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىپ، دەل شۇ يول بىلەن قانائانغا (پەلەستىنگە) كەلگەن. يەشايا كىنايىلىك بىلەن ئۇلاردىن، سىلەر مىسىردىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن يەنە ئاشۇ يەرگە «كەلگەن ئىزىڭلار بىلەن قايتىپ» ياردەم سوراشقا راست بارامسىلەر؟ ــ دەپ سورىماقچى.\f* \m \v 7 مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر! \m شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن. \f □ \fr 30:7 \ft \+bd «مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن»\+bd* ــ «راھاب» مىسىرنىڭ باشقا بىر ئىسمى، مەنىسى «ھاكاۋۇرلۇق»، «ھالى ئۈستۈنلۈك».\f* \b \m \s1 ئىشەنمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى \m \v 8 ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، \m گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، \m ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن.\f □ \fr 30:8 \ft \+bd «...ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن»\+bd* ــ «بۇنى» بىزنىڭ قارىشىمىزچە، يۇقىرىقى 6-7-ئايەتتىكى بېشارەتنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «بۇنى» 8-14-ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 9 چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، \m نائەھلى ئوغۇللار، \m پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر.\f □ \fr 30:9 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسى»\+bd* ــ «تەۋرات» بولسا «تەربىيە»، «نەسىھەت»، «يوليورۇق» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 10 ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، \m ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ \m بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛\f □ \fr 30:10 \ft \+bd «ئالدىن كۆرگۈچىلەر»\+bd* ــ ئادەتتە خۇدانىڭ سۆزىنى غايىبانە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق بىلىپ چۈشىنىدىغان ھەم ئۇلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەردۇر.\f* \m \v 11 سەنلەر \add دۇرۇس\add* يولدىن چىقىش، \m \add توغرا\add* تەرىقىدىن ئايرىلىش! \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 30:11 \ft \+bd «سەنلەر دۇرۇس يولدىن چىقىش، توغرا تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغان ئاساسلىق سۆزلىرى، ياكى ئاللىقاچان دېگەن سۆزلەرنىڭ تۈپ مەنىسىدۇر.\f* \m \v 12 ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، \m زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، \m \v 13 شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، \m تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛\x + \xo 30:13 \xt يەش. 29‏:5\x* \m \v 14 خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ \m ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك، \m باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ».\f □ \fr 30:14 \ft \+bd «خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى (تامنى) چېقىۋېتىدۇ»\+bd* ــ تام چاققۇچىنى خۇدانىڭ ئۆزى دەپ قارايمىز. تامدا پەيدا بولغان يېرىق بولسا ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكىدۇر (13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىنى ئىچىدىن (يېرىق تامنى ۋەيران قىلغاندەك) ۋەيران قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ جازالىشى ئۇنىڭغا چۈشۈش بىلەن ئۇ تېخىمۇ تۈگىشىدۇ.\f*  \x + \xo 30:14 \xt يەر. 19‏:11\x* \m \v 15 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ \m خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، \m ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر.\f □ \fr 30:15 \ft \+bd «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ جەۋھىرى.\f* \m \v 16 سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار، \m شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر! \m ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛ \m ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ. \m \v 17 مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ \m بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە \add ھەممىڭلار\add* قاچىسىلەر؛ \m قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك، \m دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر. \f □ \fr 30:17 \ft \+bd «مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە ھەممىڭلار قاچىسىلەر»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتىكى «لاۋىيلار» دېگەن قىسىمدا 8:26-ئايەتتە خۇدانىڭ مۇنداق ۋەدىسىنى خاتىرىلىگەن: «(ماڭا تايانغان بولساڭلار) بەشىڭلار يۈز (ئادەم)نى، يۈزۈڭلار بىر تۈمەننى قوغلىۋېتىسىلەر». ئەمدىكى ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە. \+bd «تاغ ئۈستىدىكى بايراق... دۆڭ ئۈستىدىكى... تۇغ»\+bd* ــ (1) دېمەك، قالغان ئادەملەر ناھايىتى ئاز. (2) مۇشۇ ئىككى نەرسە (بايراق ۋە تۇغ) ئادەتتە ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۇرۇشتىكى بىر تەرەپ مەغلۇپ بولسا مۇشۇ نەرسىلەر تاشلىنىپ قالىدۇ؛ غەلىبە قىلسا ئۇلار ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يەردە مەغلۇبىيەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 30:17 \xt يەش. 17‏:6؛ 24‏:6،13\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ كۈتكەن ئۈمىدى •••• ئۇنىڭ ئاخىرقى پىلانلىرى ــ پارلاق كېلەچەك \m \v 18 ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ \m شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ \m ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!\f □ \fr 30:18 \ft \+bd «ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ... ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەت بەلكىم كىتابنىڭ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يەرلىرىدىن بىرىدۇر. نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ كاجلىقى، خۇدانىڭ قاتتىق جازالىشى تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن ئايەت «شۇڭا» بىلەن باشلىنىدۇ؟ خۇدانىڭ ئىسرائىلنى قاتتىق جازالىغىنى بىلەن ئۇ ئەڭ ئاخىردا ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ رەھىمدىللىق كۆرسەتمەكچى. يۇقىرىقى جازالار بەلكىم ئىسرائىلنىڭ «قالدىسى»نى خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلايدۇ. «شۇڭا» خۇدا بۇنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتىدۇ.\f*  \x + \xo 30:18 \xt زەب. 2‏:12؛ 34‏:8؛ پەند. 16‏:20؛ يەر. 17‏:7\x* \m \v 19 چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ \m شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ \m كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ \m ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ. \m \v 20 رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، \m سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، \m شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، \m بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛\f □ \fr 30:20 \ft \+bd «سېنىڭ ئۇستازىڭ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بۇ سۆز ياكى (كۆپلۈك شەكلىدە) «ئۇستازلىرىڭ» ياكى (بىرلىك شەكلىدە) «ئۇستازىڭ» مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، «ئۇستاز» بولسا كېرەك. «ئۆزىنى يوشۇرغان» «ئۇستازىڭ»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇشۇ ئايەتنى 8-باب، 17-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.\f* \m \v 21 سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، \m ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، \m قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ \m «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن. \m \v 22 شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، \m قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ \m سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ \m «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر. \m \v 23 ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛ \m يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛ \m شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛ \m \v 24 يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا، \m گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ. \m \v 25 چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، \m يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، \m ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، \m ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ.\f □ \fr 30:25 \ft \+bd «چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى...»\+bd* ــ قايسى قىرغىنچىلىقنىڭ بولغانلىقى، قايسى مۇنارلارنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ ئىشلار جىسمانىي ھەم روھىي دۈشمەنلەرنىڭ يوقىتىلىشىنى بىلدۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار ئاخىرقى زامانلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. \+bd «ئەنھار»\+bd* ــ كىچىك ئېرىق.\f* \m \v 26 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، \m ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، \m ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، \m قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، \m يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ. \f □ \fr 30:26 \ft \+bd «ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتى»\+bd* ــ ياكى «ئۆز خەلقىنىڭ سۇنغان يېرىنى».\f* \b \m \s1 ئاسۇرىيە ھۇجۇم قىلمايدۇ ــ •••• ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان جازا \m \v 27 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ، \m ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ، \m قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ، \m تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ. \m \v 28 ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ، \m شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ.\f □ \fr 30:28 \ft \+bd «ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ»\+bd* ــ يۇقىرىقى 8-باب، 8-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. ئاسۇرىيە ئىسرائىلغا قانداق قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارغا (ئاسۇرىيلەرگە) شۇنداق قىلىدۇ. \+bd «بىمەنىلىك بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر»\+bd* ــ «بىمەنىلىك» بەلكىم بۇتلارغا ئىشىنىپ-تايىنىشنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ (پەرۋەردىگار) .... شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ»\+bd* ــ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تۇتۇۋالغان ئەسىرلىرىنىڭ ئاغزىغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى ئاشۇنداق رەھىمسىز يول بىلەن ئېلىپ ماڭاتتى. مۇشۇ يەردە ئاسۇرىيەدىن باشقا ئەللەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، بېشارەتنىڭ ھەم شۇ چاغدىكى ئاسۇرىيەنى ھەم ئاخىرقى زاماندىكى «ئاخىرقى ئۇرۇش»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە كېرەك. ئۇنداق بولسا ئاسۇرىيە پادىشاھى يەنە ئاخىرقى زاماندىكى دەججالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى «بېشارەتلىك رەسىم» بولىدۇ.\f*  \x + \xo 30:28 \xt يەش. 8‏:8\x* \m \v 29 مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، \m ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ. \m \v 30 پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛ \m ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ. \m \v 31 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، \m ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى \add بولغان ئاسۇرىيە\add* يانجىلىدۇ!\f □ \fr 30:31 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى بولغان ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ!»\+bd* ــ ئاسۇرىيەنىڭ خۇدانىڭ تايىقى ئىكەنلىكى 10-باب، 5-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن. \fp \fp «باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى (بولغان ئاسۇرىيە) يانجىلىدۇ!» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇ (پەرۋەردىگار) ئۇنى (ئاسۇرىيەنى) تاياق بىلەن ئۇرىدۇ».\f* \m \v 32 ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا، \m بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛ \m ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. \m \v 33 چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛ \m بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان، \m \add پەرۋەردىگار\add* ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛ \m ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار، \m پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ. \f □ \fr 30:33 \ft \+bd «توفەت»\+bd* ــ يېرۇسالېم سىرتىدىكى، ئەخلەت كۆيدۈرىدىغان بىر جىلغا. ئۇ يەنە «گې-خىننوم» ــ «ھالاكەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ دوزاقنىڭ كۈچلۈك بىر سىمۋولى بولىدۇ (ئەرەبچە «جەھەننەم» دېگەن سۆز دەل بۇ «گې-خىننوم»دىن كەلگەن). \+bd «بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان، ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار...»\+bd* ــ دېمەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى يەھۇداغا قارشى يۈرۈش قىلغاندا، ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان «جەسەتنى كۆيدۈرۈش» گۇلخانىغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى.\f* \b \b \m \c 31 \s1 مىسىر بىلەن ئىتتىپاقلاشماڭلار! •••• خۇدا ئۆزى ئاسۇرىيەنى يىقىتىدۇ \m \v 1 ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! \m ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، \m كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، \m ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! \m بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، \m پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ.\x + \xo 31:1 \xt زەب. 20‏:7؛ 33‏:16-17؛ پەند. 21‏:31؛ يەر. 17‏:5\x* \m \v 2 بىراق ئۇمۇ دانادۇر! \m ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، \m دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ \m ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە، \m شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ.\f □ \fr 31:2 \ft \+bd «بىراق ئۇمۇ دانادۇر!»\+bd* ــ «ئۇمۇ» دېگەن سۆز كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ: «سەن ئىسرائىل بەك ئەقىللىق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن \+bd ئۇمۇ\+bd* (خۇدامۇ) دانالىقغۇ!» دېگەندەك. ئىسرائىلنىڭ ھېچ دانالىقى يوق ئىدى.\f* \m \v 3 مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛ \m ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛ \m پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ، \m ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛ \m ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛ \m ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ. \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ \m «ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا، \m شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي، \m شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي، \m بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ.\f □ \fr 31:4 \ft \+bd «توپ-توپ پادىچىلار»\+bd* ــ بۇ ئىبارە مىسىرنى كۆرسەتسە، ناھايىتى كىنايىلىك گەپ بولىدۇ؛ چۈنكى مىسىرلىقلار قوي ۋە پادىچىلارغا ئۆچ ئىدى («يار.» 34:46نى كۆرۈڭ). بەلكىم مۇشۇ تەمسىلنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى، خۇدا ئىسرائىلنى (شىردەك، ئاسۇرىيە ئارقىلىق) جازالىماقچى بولسا، مىسىرلىقلارنى ياردەم بېرىشكە چاقىرىش بىھۇدىلىكتۇر. ئىككىنچى يېرىمى بولسا، خۇدا ئاخىردا ئۆزى (قۇشتەك ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ ــ 31-ئايەت) ئىسرائىلنى ئاسۇرىيەدىن قۇتقۇزىدۇ، دېگەن مەنىدە. \+bd «شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي،...»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنىڭ ئالدىدا يولنى بوشاتمايدىغان،...». \+bd «ئۇ (پەرۋەردىگار) زىئون تېغى ... ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ»\+bd* ــ پەرۋەردىگار كىمگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلىدۇ؟ يۇقىرىقى ئايەتكە قارىغاندا، ئۇ ئاۋۋال شىردەك (ئاسۇرىيە ئارقىلىق) ئۆز ئولجىسى قىلماقچى بولغان يېرۇسالېمنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئاندىن «ئوۋغا ياردەمچى سۈپىتىدە» «ئۇنى شىردىن قۇتقۇزىمىز» دېگەن مىسىر بىلەن جەڭ قىلىدۇ. ھېچبولمىغاندا، يېرۇسالېم خۇدانىڭ (ئاسۇرىيەلىكلەر ئارقىلىق بولغان) تەربىيە جازاسىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. بىراق 5-ئايەتتە، خۇدا ئاخىرىدا ئۇلارنى ئاسۇرىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن قۇتقۇزىدۇ، دەيدۇ.\f* \m \v 5 ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛ \m قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ \m ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. \f □ \fr 31:5 \ft \+bd «ئۇنىڭ (پەرۋەردىگارنىڭ) «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ»\+bd* ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغاندا، ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن «ئۆتۈپ كېتىش»ى بىلەن ئۇلارنى جازالىماي، ئۇلارنى قۇتقۇزغان. تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «مىس.» 23:12 ۋە «زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ ــ ئۇ ئۆزى ئەۋەتكەن «ھالاك قىلغۇچى پەرىشتە» ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ كەلگەندە ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا «ئۆتۈپ تۇرۇش»ى بىلەن ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ يولىنى توسۇپ، مۇھاپىزەت قىلىپ ئۇلارنى ساق قالدۇرغان. «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەن سۆز ئىسرائىلنى مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق ئەسكەرتكەن بولسا كېرەك. «مىس.» 13:12، 23-ئايەت ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 31:5 \xt قان. 32‏:11\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىشى \m \v 6 سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار، \m ئى ئىسرائىل بالىلىرى! \m \v 7 چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ».\x + \xo 31:7 \xt يەش. 2‏:20\x* \b \m \v 8 «شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، \m بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ \m بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛ \m ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ، \m ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ.\f □ \fr 31:8 \ft \+bd «ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ ... قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ»\+bd* ــ دېمەك، قىلىچ ئىنسان تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ (-36، 37-بابنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛ \m ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان، \m يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار. \f □ \fr 31:9 \ft \+bd «ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ...»\+bd* ــ «ئۇل تېشى» ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 31:9 \xt 2پاد. 19‏:36،37\x* \b \b \m \c 32 \s1 يېڭى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يېڭى جەمئىيىتى \m \v 1 مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛ \m ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ.\x + \xo 32:1 \xt زەب. 45‏:4-7؛ زەك. 9‏:9\x* \m \v 2 ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك، \m بورانغا پاناھ بولغۇدەك، \m قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك، \m چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ.\f □ \fr 32:2 \ft \+bd «چاڭقاپ كەتكەن زېمىن»\+bd* ــ ياكى «چارچاپ كەتكەن زېمىن».\f* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ، \m ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛ \x + \xo 32:3 \xt يەش. 29‏:18؛ 30‏:21\x* \m \v 4 بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ، \m كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ. \m \v 5 پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، \m پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ، \m \v 6 چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ، \m ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ، \m ئىپلاسلىق قىلىشقا، \m پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە، \m ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا، \m چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ. \m \v 7 بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ \m ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، \m مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، \m يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.\f □ \fr 32:7 \ft \+bd «يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لىللا-ئادىل دەۋا قىلغان يوقسۇلنى يوقىتىش ئۈچۈن پەملەپ ئولتۇرىدۇ».\f* \m \v 8 پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ \m ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ. \b \m \s1 مەڭگۈلۈك بەختنى ياكى بالايىئاپەتنى ــ ھازىر تاللاش كېرەك! \m \v 9 ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار! \m ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! \m \v 10 بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار، \m پاراكەندە قىلىنىسىلەر! \m چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ، \m مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ. \m \v 11 ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار! \m ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار! \m كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!\f □ \fr 32:11 \ft \+bd «كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!»\+bd* ــ بۇلار بولسا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنىڭ مەجبۇرىي قىلىدىغان ئىشلىرى.\f* \m \v 12 گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن، \m مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار! \m \v 13 ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن، \m شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار! \m \v 14 چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ، \m ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ، \m ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان، \m قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ. \m \v 15 تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، \m دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، \m مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.\f □ \fr 32:15 \ft \+bd «روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە،.....»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «روھ» خۇدانىڭ روھىنى بىلدۈرىدۇ. تېكىستتە «كىمنىڭ روھى» ئىكەنلىكى دېيىلمىگەن ئەھۋالدا «روھ» دېگەن سۆز ئايرىم كۆرۈلسە، ئۇنداقتا شۈبھىسىزكى خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە...»\+bd* ــ دېمەك، يەر يۈزىدىكى بوز يەرلەر مۇنبەت بولىدۇ ۋە ھازىر مۇنبەت يەرلەرمۇ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.\f*  \x + \xo 32:15 \xt يەش. 29‏:17؛ يو. 2‏:28، 29؛ يـۇھ. 7‏:37، 38؛ روس. 2‏:17، 18\x* \m \v 16 شۇ چاغدا ئادالەت دالانى، \m ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ. \m \v 17 ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ، \m خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ. \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا، \m ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ. \x + \xo 32:18 \xt يەر. 33‏:16\x* \b \m \s1 جازا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى بەخت-بەرىكەت \m \v 19 ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ، \m شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ، \m \v 20 سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، \m كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر! \f □ \fr 32:20 \ft \+bd «ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ،... سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر!»\+bd* ــ (19-20) دېمىسەكمۇ، بۇ ناھايىتى سىرلىق بىر سۆزدۇر. بەلكىم بىزنى ئاخىرقى زامانلاردىكى ئىككى ئەھۋال توغرىسىدا ئەسلىتىدۇ. «ئورمان يىقىلىدۇ» ــ تەكەببۇرلار پەس قىلىنىدۇ (10-باب، 18- ۋە 33-34-ئايەتنى كۆرۈڭ). «شەھەر» بەلكىم يۇقىرىقى (24-بابتىكى) «تەرتىپسىز شەھەر» بولۇپ، خۇدا تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ. بىراق كىچىك پېئىللىق تۇرمۇشنى تاللىغانلار، مەسىلەن ئۆز كالا-ئېشەكلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلار بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ.\f* \b \b \m \c 33 \s1 نىجات زىئونغا كېلىدۇ \m \v 1 ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، \m باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، \m ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، \m سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! \m سەن بۇلاڭ-تالاڭنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، \m ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن؛ \m سەن ئاسىيلىقنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، \m ئۆزۈڭ ئاسىيلىققا ئۇچرايسەن؛\f □ \fr 33:1 \ft \+bd «ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي!...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەت ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىل پادىشاھى ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ سەنناخېرىب بىلەن «سۈلھ» ئەھدىسىنى تۈزدۈرگەن («2پاد.»، 13:18-18ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ ئىلگىرىكى ئاھاز پادىشاھنىڭمۇ ئاسۇرىيە بىلەن تۈزگەن «تىنچلىق» ئەھدىسى بار ئىدى («2پاد.» 16-بابنى كۆرۈڭ). سەنناخېرىب مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلى، ئىككى ئەھدىنى بۇزۇپ ئىسرائىل (يەھۇدا)نىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، پايتەختى يېرۇسالېمغا تەھدىت سالدى. ئۇنىڭ شۇنداق «ئاسىيلىق» ئىشلىرى خېلى كۆپ ئىدى. \fp بەلكىم، مۇشۇ بېشارەتتىكى «ئاسىيلىق قىلغۇچى»، «ئەھدىنى بۇزۇدىغان» دېگەن سۆزلەر ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 2 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ \m بىز سېنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ كەلدۇق؛ \m ئۆتۈنىمىزكى، سەن ھەر سەھەر \add ئىسرائىلغا\add* كۈچلۈك بىلەك-قول، \m قىيىنچىلىق پەيتلىرىدە نىجاتىمىز بولغايسەن. \m \v 3 توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ \m سەن \add خۇدا\add* قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ؛ \f □ \fr 33:3 \ft \+bd «توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن ... قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بۇ، بەلكىم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ 2-ئايەتتىكى دۇئاسىغا بەرگەن جاۋابى بولۇشى مۇمكىن. \fp «توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرى...» بەلكىم ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ يۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 9:19-ئايەتنى كۆرۈڭ). سەنناخېرىب «تىرھاكاھ كېلىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ چېكىندى. \fp ئاخىرقى زامانلاردا مۇشۇ ۋەقەگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ۋەقە بولىدۇ («دان.» 44:11-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 4 چېكەتكە لىچىنكىلىرى ئوت-كۆكلەرنى يىغىپ يەۋالغاندەك، \m سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ؛ \m چېكەتكىلەر ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگەندەك ئادەملەر ئولجا ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشىدۇ.\f □ \fr 33:4 \ft \+bd «سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە «سىلەر» ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ (6-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئاسۇرىيەلىكلەر ئولجىنى ئۇلارغا تاشلاپ قاچىدۇ (36-، 37-بابنى كۆرۈڭ). باشقا تەرجىمانلار «سىلەر» دېگەن ئىسرائىلدىن باشقا ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ شەرھىلەيدۇ.\f* \m \v 5 پەرۋەردىگار ئۈستۈن تۇرىدۇ، \m بەرھەق، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى يۇقىرىدىدۇر؛ \m ئۇ زىئونغا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تولدۇردى؛ \m \v 6 ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛ \m پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر. \f □ \fr 33:6 \ft \+bd «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئادەملەرگە بېرىدىغان گۆھىرى».\f* \b \m \s1 ئىسرائىلدىكى ھازىرقى ئەھۋال \m \v 7 مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى سىرتتا تۇرۇپ نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ \m سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ؛\f □ \fr 33:7 \ft \+bd «مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ... نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەت ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «پالۋانلار ...نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ... ئەلچىلەر يىغلىشىدۇ»\+bd* ــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا دېيىلگەندەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب «سۈلھ-ئەھدە»گە ئاسىيلىق قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىشغال قىلغان؛ ئەھۋال 7-9-ئايەتلەردە تەسۋىرلىگەندەك بولغان. شۇ چاغدا ھەزەكىيا بىلەن ئۇ سەنناخېرىبقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئاشۇ سۈلھ-ئەھدىنىڭ بىر تىيىنگىمۇ ئەرزىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 8 يوللار ئادەمسىز قالدى؛ \m ئۆتكۈنچى يولچىلار يوق بولدى؛ \m ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ \m شەھەرلەرنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، \m ئادەملەرنى ھېچ ئەتىۋارلىمايدۇ.\f □ \fr 33:8 \ft \+bd «ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى»\+bd* ــ «ئۇ» بەلكىم ئاسىيلىق قىلغۇچى (ئاسۇرىيەلىك) سەنناخېرىبنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 9 زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، زەئىپلىشىدۇ؛ \m لىۋان خىجالەتتىن سولىشىدۇ؛ \m شارون چۆل-باياۋانغا ئايلاندى؛ \m باشان ۋە كارمەل بولسا قىرىپ تاشلاندى. \f □ \fr 33:9 \ft \+bd «لىۋان... شارون... باشان... كارمەل...»\+bd* ــ چىرايلىق ئورمانزارلىق رايون. شارون مۇنبەت يايلاق. باشان دەل-دەرەخلىرى كۆپ، چارۋىچىلىقتىن بېيىغان رايون. كارمەل يەرلىرى ئىنتايىن مۇنبەت، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار كۆپ چىقىدىغان، كۆپ يايلاقلىرى بار رايون ئىدى. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 خۇدا ئورنىدىن تۇرۇپ قۇتقۇزىدۇ \m \v 10 مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، \m ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن، \m ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن. \m \v 11 ــ سىلەرنىڭ بويۇڭلاردا قۇرۇق ئوت-چۆپلا بار، \m پاخال تۇغىسىلەر؛ \m ئۆز نەپەسلىرىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ \m \v 12 ئەللەر بولسا ھاك كۆيدۈرۈلگەندەك كۆيدۈرىلىدۇ؛ \m ئورۇلغان جىغان-تىكەنلەردەك ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. \m \v 13 ــ ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ \m يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار.\f □ \fr 33:13 \ft \+bd «ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەت 10-ئايەتتىن باشلاپ ئاخىرقى زامانلارغا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 14 زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ \m ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. \m \add ئۇلار\add*: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ \m كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ. \b \m \s1 سوئالغا جاۋاب \m \v 15 ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، \m دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، \m زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، \m پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، \m قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، \m پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛\f □ \fr 33:15 \ft \+bd «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان..»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر 14-ئايەتتىكى «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولغان جاۋابنىڭ بېشىدۇر. \+bd «پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پارىلار تۇتقۇزۇپ قويۇلمىسۇن دەپ قوللىرى تىترەپ كېتىدىغان». \+bd «پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم: «رەزىللىكنى كۆزىتىشنى قەتئىي رەت قىلىدىغان».\f*  \x + \xo 33:15 \xt زەب. 15‏:1-2؛ 24‏:3-4\x* \m \v 16 ئۇ يۇقىرىنى ماكان قىلىدۇ؛ \m قورام تاشلار ئۇنىڭ قورغىنى بولۇپ، \m يۇقىرى ئۇنىڭ باشپاناھى بولىدۇ؛ \m ئۆز رىسقى ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ، \m ئۇنىڭ سۈيى كاپالەتلىك بولىدۇ». \m \v 17 ــ «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ؛ \m كۆزلىرىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىنغا نەزەر سالىدۇ.\f □ \fr 33:17 \ft \+bd «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە پادىشاھنىڭ كىم ئىكەنلىكى تېخى دەپ بېرىلمىدى. ئۇ يۇقىرىقى 9-باب، 6-ئايەت، 11-باب، 1-9-ئايەت ۋە 32-باب، 1-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پادىشاھقا ئوخشاش ئادەم بولۇشى كېرەك. \+bd «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ»\+bd* ــ «گۈزەللىكىدە» دېگەنلىك، پادىشاھنىڭ بەلكىم باشقا ئەھۋالدىمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. \+bd «ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىن»\+bd* ــ بەلكىم كەڭ-ئازادىلىك، ھېچ ۋەھىمە كۆرۈنمەيدىغان زېمىن دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 18 كۆڭلۈڭ ۋەھىمە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ؛ \m رويخەتچى بەگ قېنى؟ \m ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ \m ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟\f □ \fr 33:18 \ft \+bd «رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟»\+bd* ــ مۇشۇ بەگلەر، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنى ئاياغ ئاستى قىلغان دۈشمەننىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ بەگلىرى؛ بىراق ئۇلارنىڭ روللىرى ئانچە ئېنىق ئەمەس. بىرىنچىسى، بەلكىم، ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلىغان؛ ئىككىنچىسى ئولجىنى خاتىرىلىۋالغان؛ ئۈچىنچىسى شەھەردىكى پاچاقلاش كېرەك بولغان ئىستىھكاملارنى خاتىرىلىۋالغان.\f* \m \v 19 قايتىدىن ئەشەددىي خەلقنى كۆرمەيسەن، \m ــ سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، \m دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان، گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن.\f □ \fr 33:19 \ft \+bd «سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، ... گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن»\+bd* ــ بۇ ئايەت، شۈبھىسىزكى، زېمىنىنىڭ ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلغانلىقىنى ياكى ئۇلار تەرىپىدىن خەلقنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا چەتئەل تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 20 ئىبادەت ھېيتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر زىئونغا قارا؛ \m سېنىڭ كۆزۈڭ يېرۇسالېمنىڭ تىنچ-ئامان ماكان بولغانلىقىنى، \m قوزۇقلىرى ھەرگىز يۇلۇنمايدىغان، \m تانىلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدىغان، \m ئىككىنچى يۆتكەلمەيدىغان چېدىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛\x + \xo 33:20 \xt زەب. 46‏:5؛ 125‏:1، 2\x* \m \v 21 شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، \m ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ \m پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، \m ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ؛\f □ \fr 33:21 \ft \+bd «شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ»\+bd* ــ بۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى، پەرىزىمىزچە: «پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى بەرىكەتلىك قىلغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەرسىنى باشقا ئەللەردىن كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭلاشقا بىز كېمە ئېلىپ كەلگەن ھېچقانداق مەھسۇلاتلارغا موھتاج ئەمەسمىز؛ پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە ھەممىنى تەمىنلىگۈچىدۇر» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 22 چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز، \m پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر، \m پەرۋەردىگار ــ بىزنىڭ پادىشاھىمىز، \m ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ! \m \v 23 سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، \m \add ئىسرائىل\add* يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، \m يەلكەننى يېيىپ چىقىرالمىسىمۇ، \m ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ \m ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ.\f □ \fr 33:23 \ft \+bd «سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، ئىسرائىل يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، ... ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ»\+bd* ــ يەنە بىر سىرلىق گەپ! پەرىزىمىزچە، بۇ بىر ئوخشىتىش بولۇپ، ئىسرائىلنى بىر چوڭ كېمىگە ئوخشاتقان؛ كېمە بولسا بەك كونىراپ كەتكەن، ماڭالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى، بۇ خۇدانىڭ تەقدىم قىلماقچى بولغان بەرىكىتىگە ھېچقانداق توسالغۇ بولمىغان؛ ئولجا ھامان قولغا ئېلىنىدۇ، ھەتتا «ئاقساق-توكۇ» ۋە ئاجىز ئادەملەرمۇ بەخت-بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ. \fp بەزى ئالىملار كېمە توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتىلغان، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 24 شۇ چاغدا شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ؛ \m شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. \f □ \fr 33:24 \ft \+bd «شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا: ــ «شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلق گۇناھىدىن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ»\f* \b \b \m \c 34 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى •••• ئېدومنىڭ جازالىنىشلىرى \m \v 1 يېقىن كېلىڭلار، ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار! \m ئى قوۋم-خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! \m يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار، \m جىمى ئالەم ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەممە مەۋجۇداتلار، \m تىڭشاڭلار! \m \v 2 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار، \m ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان، \m ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛ \m \v 3 ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ، \m جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ، \m تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛ \m \v 4 ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ، \m ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛ \m ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك، \m يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك، \m ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛\x + \xo 34:4 \xt ۋەھ. 6‏:13، 14\x* \m \v 5 چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا \add قان بىلەن\add* سۇغۇرۇلدى؛ \m قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، \m يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛\f □ \fr 34:5 \ft \+bd «... شەمشىرىم ئاسمانلاردا قان بىلەن سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، خۇدانىڭ ئاخىرقى زاماندىكى جازالاشلىرى ئاسماندا باشلىنىپ، كېيىن يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. 1-8-ئايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا نۇرغۇن ئەل-يۇرتلار ئېدومدا يىغىلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ؛ بىراق خۇدا ئۇلارنى يوقىتىدۇ. ئېدوم دېگەن يۇرتنىڭ ئۆزى ئىسرائىلغا كۆپ يىل قىلغان رەھىمسىز زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.\f* \m \v 6 پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛ \m ئۇ قانغا بويالدى؛ \m ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، \m ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، \m قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى، \m ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار.\f □ \fr 34:6 \ft \+bd «ئۇ (پەرۋەردىگارنىڭ شەمشىرى) ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان»\+bd* ــ مۇشۇلار (ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى... بۆرەك يېغى قاتارلىقلار)نىڭ ھەممىسى قۇربانلىقلارنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرى بولىدۇ. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى... بار»\+bd* ــ بوزراھ شەھىرى ئېدومنىڭ پايتەختى (ھازىر «پېترا» دېيىلىدۇ). خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 34:6 \xt يەش. 63‏:1، 2\x* \m \v 7 مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار، \m تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ. \m ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ، \m توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 34:7 \ft \+bd «كۈچلۈك بۇقىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈچلۈكلەر» دېيىلىدۇ. «ياۋايى كالىلار»، «تورپاقلار»، «كۈچلۈك بۇقىلار» مۇشۇ يەردە «كۈچلۈك، ھوقۇقلۇق بەگلەر»نىمۇ كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 8 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى، \m زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار.\f □ \fr 34:8 \ft \+bd «زئىئون دەۋاسى»\+bd* ــ مۇشۇ «دەۋا»نىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار. كۆپ كىشىلەر «نېمىشقا خۇدا ئىسرائىلغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ؟» دەپ قاقشاپ، يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرى خۇداغا كۆپ قېتىم ئاسىيلىق قىلغىنى بىلەن قانداقلا بولمىسۇن، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئۇ ئۇلارنى «ئۆز خەلقىم» دەپ قارايدۇ. بۇ خۇدانىڭ تاللىشىدۇر؛ باشقىلار ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل توغرۇلۇق دەۋالاشماقچى بولسا ئۆزى يامان ئاقىۋەتنى كۆرىدۇ. گىتلېر گەۋدىلىك بىر مىسالىدۇر.\f* \m \v 9 \add ئېدومدىكى\add* ئېقىنلار قارىمايغا، \m ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ \m زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ. \m \v 10 ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛ \m ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛ \m ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛ \m ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ.\x + \xo 34:10 \xt ۋەھ. 14‏:11؛ 19‏:3\x* \m \v 11 چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ \m چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛ \m خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى، \m ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ.\f □ \fr 34:11 \ft \+bd «چۆل ھۇۋقۇشى ... چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ...چوڭ ھۇۋقۇش... »\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى قۇش-ھايۋانلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توپ-توغرا دېيىش تەس.\f*  \x + \xo 34:11 \xt يەش. 13‏:21،22؛ زەف. 2‏:14؛ ۋەھ. 18‏:2\x* \m \v 12 بىرسى كېلىپ \add ئېدومنىڭ\add* ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى \add ئىدارە قىلىشقا\add* چاقىرسا، \m ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئەمىرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ.\f □ \fr 34:12 \ft \+bd «بىرسى كېلىپ ئېدومنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىشقا چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ...»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا تەرجىمىلىرى بار، بىراق ئاساسىي مەنىسى: ــ «ئېدومدىكى پادىشاھلىقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئادەم يوق»تۇر. ئېدومدا ھېچكىم، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرمۇ قالمايدۇ.\f* \m \v 13 ئوردىلىرىدا تىكەنلەر، \m قەلئە-قورغانلىرىدا چاققاق-جىغانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ \m ئۇ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى، \m «ھۇۋقۇشلارنىڭ ئوردىسى» بولىدۇ. \m \v 14 شۇ يەردە چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار، ياۋايى ئىتلار جەم بولىدۇ؛ \m ھەربىر «ئۆچكە جىن» ئۆز قېرىندىشىغا توۋلايدۇ؛ \m تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، \m ئۇنى ئۆزىگە ئارامگاھ قىلىپ تۇرىدۇ.\f □ \fr 34:14 \ft \+bd «تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «تۈن (كېچە) ئالۋاستىسى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ».\f* \m \v 15 «ئوق يىلان» شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ، \m ئۇنىڭ سايىسىدە تۇخۇملايدۇ، \m بالىلىرىنى يىغىپ باقىدۇ. \m قورۇلتاز-تاپقۇشلار ھەربىرى ئۆز جۈپى بىلەن شۇ يەردە توپلىنىدۇ؛\f □ \fr 34:15 \ft \+bd «ئوق يىلان»\+bd* ــ بۇنىڭمۇ قايسى ھايۋان ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.\f* \m \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابىدىن ئىزدەپ ئوقۇپ باققىن؛ \m ئۇلاردىن ھېچبىرى چۈشۈپ قالمايدۇ؛ \m ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز جورىسى كەم بولمايدۇ؛ \m چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان؛ \m ئۇنىڭ ئۆز روھى ئۇلارنى توپلىغان.\f □ \fr 34:16 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابى»\+bd* ــ يۇقىرىدا يەشايا خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن ئۆزى يازغان ماتېرىياللارنى يىغىپ تەۋرات-قانۇنلىرى بىلەن ساقلىتىپ قويغان (8-بابنى كۆرۈڭ). كېيىن ئۇ يەنە «يۆگىمە كىتاب»نى تىلغا ئالدى (29-بابنى كۆرۈڭ). «پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابى» بەلكىم يەشايانىڭ ئۆزى يازغان ماتېرىياللىرى ۋە مۇسا، يەشۇئا، سامۇئىل، داۋۇت قاتارلىق پەيغەمبەرلەر خاتىرىلىۋالغان بارلىق ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ماتېرىياللار «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ باشلىنىشلىرى بولۇشى كېرەك؛ «پەرۋەردىگارنىڭ كىتابى»دا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، بىزگە كېرەك بولغان ھەممە تەپسىلاتلار بار، ئۇنىڭدا ھەتتا قۇش-ھايۋانلارنىڭ خەۋىرىمۇ بار، دېگەنلىكتۇر. خۇدانىڭ قۇش-ھايۋانلارغا تەپسىلىي ھالدا مىراس قىلغان تەقسىماتى خاتىرىلەنگەن يەردە، ئۆزىنىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈچۈن بېغىشلىماقچى بولغان مىراسلار مۇقەددەس كىتابتا تېخىمۇ ئېنىق خاتىرىلەكلىك بولمامدۇ؟ «مۇقەددەس كىتاب»تىن ئىزدەپ ئوقۇپ بېقىڭ»! \fp \+bd «ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئاغزى بۇيرۇغان، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 چۈنكى \add پەرۋەردىگار\add* ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ، \m ئۆز قولى بىلەن زېمىنغا تانا تارتىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛ \m ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ، \m دەۋردىن-دەۋرگىچە شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ. \b \b \m \c 35 \s1 خۇدانىڭ چۆل-باياۋاننى گۈللەندۈرۈشى، •••• شۇنداقلا ئۆز مۆمىن-بەندىلىرى ئۈچۈن ئاچقان يولى \m \v 1 ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛ \m چۆل-باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛\f □ \fr 35:1 \ft \+bd «دالا ... ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ»\+bd* ــ يەشايا دەسلەپتە «ئۇلار»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ. بىلىش ئۈچۈن بېشارەتنى ئاخىرىغىچە (9-ئايەتكىچە) ئوقۇش كېرەك! (بۇ سۆزلەر «رىم.» 19:8-22 بىلەن مۇناسىۋەتلىك).\f* \m \v 2 ئۇ بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەيدۇ، \m شادلىققا شادلىق قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ \m لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، \m كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛ \m ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى، \m خۇدايىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرىدۇ.\f □ \fr 35:2 \ft \+bd «لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر...»\+bd* ــ لىۋان، كارمەل ۋە شارونلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يۇقىرىدا، 33-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا تەسۋىرلىنىدۇ. \+bd «ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى... كۆرىدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار» ــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتقا قاراڭ.\f* \m \v 3 ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، \m ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار،\x + \xo 35:3 \xt ئىبر. 12‏:12\x* \m \v 4 يۈرىكى ئاغقانلارغا: ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! \m مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ \m قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! \m ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ! \m \v 5 ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، \m گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ،\x + \xo 35:5 \xt مات. 9‏:27؛ 11‏:5؛ 12‏:22؛ 20‏:30؛ 21‏:14؛ يـۇھ. 9‏:6\x* \m \v 6 ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ \m گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ \m چۈنكى دالادا سۇلار، \m چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛\x + \xo 35:6 \xt مات. 9‏:32؛ 11‏:5؛ 15‏:30؛ 21‏:14؛ يـۇھ. 5‏:8، 9؛ 7‏:38، 39؛ روس. 3‏:2؛ 8‏:7؛ 14‏:8\x* \m \v 7 پىژغىرىن چۆل-جەزىرە كۆلچەككە، \m چاڭقىغان يەرلەر بۇلاقلارغا ئايلىنىدۇ؛ \m چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى ــ ئۇلار ياتقان جاي، \m قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ، چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ. \m \v 8 شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، \m تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ \m ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ \m ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، \m شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ \m ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛\f □ \fr 35:8 \ft \+bd «شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ»\+bd* ــ يولنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى دېمەيدۇ؛ بىلىش ئۈچۈن 10-ئايەتكىچە ئوقۇش كېرەك.\f* \m \v 9 شۇ يەردە شىر بولمايدۇ، \m ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ) \m ــ نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ!\f □ \fr 35:9 \ft \+bd «نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار»\+bd* ــ بولسا ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز («گائال») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ سۆزنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن 14:41-ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 10 پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، \m كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ \m ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ \m قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. \f □ \fr 35:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ... قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ»\+bd* ــ بېشارەتتىكى ۋەقەلەر ئىسرائىلنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغانلىقىغا ئوخشايدۇ؛ شۇنداقلا بۇ ئىشلارنى يېڭى بىر «مىسىردىن چىقىش» دېگىلى بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇسا، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى مۇشۇلار بىلەن تەپسىلىي ھالدا سېلىشتۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. \fp مۇشۇ «چىقىپ-قۇتقۇزۇش» بولسا «مىسىردىن چىقىش»تىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ، نەچچە ھەسسە شەرەپلىك بولىدۇ. كېيىن كۆرىمىزكى، خۇدا قۇتقۇزغان خەلق پەقەت مىسىردىن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىن چىقىپ قۇتقۇزۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق دەشت-باياۋاندىن ئۆتۈشىنىڭ ئورنىدا، ئۆزلىرىنى قارشى ئالىدىغان، چىمەنباغقا ئايلاندۇرۇلغان زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن تۈز، ئوڭۇشلۇق، راۋان ھەم خەتەرسىز بولىدۇ.\f*  \x + \xo 35:10 \xt ۋەھ. 21‏:4\x* \b \b \m \c 36 \s1 كرىزىس ــ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ بېسىپ كىرىشى \m \v 1 ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە-قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. \f □ \fr 36:1 \ft \+bd «راب-شاكەھ»\+bd* ــ بەلكىم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ باش مەسلىھەتچىسىنىڭ ئادەتتىكى ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 36:1 \xt 2پاد. 18‏:13؛ 2تار. 32‏:1\x* \v 2 ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» \add دېگەن سەردارنى\add* چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى.\f □ \fr 36:2 \ft \+bd «كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشى»\+bd* ــ مۇشۇ جاي ئەسلىدە دەل يەشايا ئاھاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان جاي (7-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \fig ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى - مىلادىيەدىن ئىلگىرى 650-يىلى|src="assyrianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«يەش.» 2:36" \fig* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى \v 4‏-5 ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ \m سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ \m «سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىتى؟ \m سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ \m «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ \f □ \fr 36:4‏-5 \ft \+bd «سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟»\+bd* ــ مۇشۇ گېپىگە قارىغاندا، ئاسۇرىيەدىكىلەرنىڭ يەشايانىڭ «پەقەت پەرۋەردىگارغا تايىنىشىمىز كېرەك» دېگەن بېشارەتلىرىدىن خەۋىرى بار ئىدى.\f* \v 6 مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ!\x + \xo 36:6 \xt ئ‍ەز. 29‏:6، 7\x* \m \v 7 ئەگەر سەن ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ \add پەرۋەردىگارغا\add* ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟\f □ \fr 36:7 \ft \+bd «ھەزەكىيا ...: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان قانۇنغا ئاساسەن، ئىسرائىللار پەقەت يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھتىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. ئەسلىدە ھەزەكىيا مۇشۇ پەرمانغا ئاساسەن: (1) بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان قۇربانگاھلارنى ھەم (2) خاتا يول بىلەن «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» قۇرۇلغان، ئىبادەت قىلىشقا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى يوقاتقان. راب-شاكەھ شۇ گەپ بىلەن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ئىسرائىللارنى قايمۇقتۇرماقچى ئىدى، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 8 ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل: ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» \f □ \fr 36:8 \ft \+bd «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەتتىكى چاغلاردا يەھۇدادا ئاتلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئازلاپ كېتەتتى. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەمەس، ھەتتا ئاددىي ئەسكەرلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى.\f* \v 9 سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى! \m \v 10 مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»» \m \v 11 ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ \m «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى.\f □ \fr 36:11 \ft \+bd «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە»\+bd* ــ ھازىركى سۇرىيەنىڭ كونا ئىسمى «ئارام» ئىدى. كونا زاماندا «سۇرىيە تىلى» «ئارامىي تىلى» دېيىلەتتى. ئاسۇرىيەمۇ ئارامىي تىلىنى ئىشلىتەتتى.\f* \m \v 12 بىراق راب-شاكەھ: ــ \m «خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى.\f □ \fr 36:12 \ft \+bd «... ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!»\+bd* ــ شەھەر مۇھاسىرىگە چۈشۈپ، ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا قالغاندا ئادەملەر دەرۋەقە مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 36:12 \xt 2پاد. 18‏:27\x* \m \v 13 ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. \m \v 14 «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. \m \v 15 ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!». \v 16 ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ \v 17 تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!\f □ \fr 36:17 \ft \+bd «مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!»\+bd* ــ مۇشۇ گەپلەر چىرايلىق بولغىنى بىلەن مەنىسى ئېنىقكى: ــ «مېنىڭ ئەسىرلىرىم، قۇللىرىم بولىسىلەر!» دېگەنلىك. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇچىغا چىققان ھىيلىگەر ئالدامچى ئىدى.\f* \m \v 18 ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ \v 19 خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! \v 20 مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»». \m \v 21 ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ \m «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». \m \v 22 ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. \b \b \m \c 37 \s1 ھەزەكىيانىڭ دۇئا قىلىشى ــ پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى \r 2پاد. 19 \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. \f □ \fr 37:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى»\+bd* ــ ئۇنىڭ (سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان) ئىبادەتخانىسى.\f* \v 2 ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز يېپىنچاقلىغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. \v 3 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ \m «ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن كۈلپەت چۈشىدىغان، رەسۋا ۋە مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈندۇر. \v 4 ئۆز خوجىسى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېپ قالغان قالدىلار ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ»» ــ دېدى. \m \v 5 شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. \v 6 يەشايا ئۇلارغا: ــ \m «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ \m «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ \f □ \fr 37:6 \ft \+bd «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما...»\+bd* ــ يەشايانىڭ مۇشۇ جاۋاب سۆزلىرىنى (6-7-ئايەتلەرنى) دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، ئۇ ھەزەكىيانىڭ تەلىپى بويىچە دۇئا قىلماي، بەلكى بىۋاسىتە خەۋەرچىلەرگە جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن خەلققە ۋە ھەزەكىياغا ئاسۇرىيە توغرۇلۇق نۇرغۇن بېشارەتلەرنى قىلغان. خۇدا مۇشۇ پەيت-ئەھۋال توغرۇلۇق ئىسرائىلغا ئۇقتۇرغانىدى (مەسىلەن، 10-باب، 5-21-ئايەتلەرنى، 14-باب، 24-25-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). بىراق ھەزەكىيا ۋە ئوردىسىدىكىلەر مۇشۇلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەن كارامەت مۆجىزىلەرنى (كېيىنكى 38-بابنىمۇ كۆرۈڭ) پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.\f* \v 7 مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ ئۆز زېمىنىدا تۇرغاندا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. \m \v 8 راب-شاكەھ كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئاسۇرىيە پادىشاھى لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانىدى. \v 9 ئاندىن پادىشاھ: «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ \f □ \fr 37:9 \ft \+bd «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى»\+bd* ــ بۇ ئىش ئەمەلىيەت ئەمەس، ھەمدە شۇ چاغدا مۇمكىن بولمىغانىدى. بىراق خۇدا ئۆزى ئەۋەتكۈزگەن «ئالدامچى روھ»نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرگەن.\f* \m \v 10 «سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ \m «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ \v 11 مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قانداقمۇ قۇتقۇزۇلىسەن؟ \f □ \fr 37:11 \ft \+bd «ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقى ئاڭلىغانسەن»\+bd* ــ «ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلىش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا، يەنى ««ھارام» قىلىش» ياكى ««ھەرەم» قىلىش» بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 12 ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ؟ تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ \v 13 خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»».\f □ \fr 37:13 \ft \+bd «گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرى.. تېلاسسار... خامات..، ئارپاد ...، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ...»\+bd* ــ (12-13-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن) مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىزگە بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم.\f* \m \v 14 ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. \v 15 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 16 «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ \m سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. \f □ \fr 37:16 \ft \+bd «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان... پەرۋەردىگار»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ ئىچكىرى ئۆي، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېگەن ئۆيدە، خۇدانىڭ «رەھىم كۆرسىتىدىغان ئورۇن-تەختى» («كافارەت تەختى») («رەھىمگاھ») بار ئىدى. مۇشۇ ئورۇندا خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئالاھىدە قۇربانلىقلىرىنىڭ قانلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئورۇننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ھەربىرىدە ئالتۇندىن ياسالغان، تەختكە قارىتىلغان بىردىن «كېرۇب» بار ئىدى. مۇسانىڭ دەۋرىدىن ئەزاكىيال پەيغەمبەر دەۋرىگىچە خۇدانىڭ پارلاق شان-شەرىپى سىرلىق ھالدا «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدە، يەنى «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا» تۇراتتى. \fp كېرۇبلار بولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل پەرىشتىلەر بولۇپ، خۇدانىڭ چىقارغان ھۆكۈم-جازالىرىنى بېجىرىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان» دېگىنى، «سەن بىزگە يېقىنلاشقان ھەم بىزگە رەھىم كۆرسەتمەكچى بولغان خۇداسەن» دېگەنلىكتۇر.\f* \v 17 ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! \v 18 ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى ۋە شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، \f □ \fr 37:18 \ft \+bd «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار..»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇلارغا ئائىت». بىز شەرھلەش ئۈچۈن «بېقىندى» قوشتۇق.\f* \v 19 ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى. \v 20 ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». \b \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ \m ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سەن ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىڭ بىلەن، \m \v 22 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ \m «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، \m سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ \m يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ \m \v 23 سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ \m سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، \m نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى!\f □ \fr 37:23 \ft \+bd «كۇپۇرلۇق»\+bd* ــ كىم ئۆزىنى خۇدانىڭ ئورنىدا قويۇپ، «ھەممە ئىشنى قىلالايمەن» دېسە، كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ھامان بىر كۈنى يىقىتىلىدۇ.\f* \m \v 24 قۇللىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ: ــ \m «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىلىرىغا، \m لىۋان تاغ باغىرلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، \m ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ \m مەن ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكىگە يامىشىپ چىقىپ، \m ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن.\f □ \fr 37:24 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈك-باراقسان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «كارمەل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كارمەل بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە چىرايلىق جايى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ «ئۇنىڭ «كارمەل» ئورمانزارلىقىغا كىرىمەن» دېگىنى «ئۇنىڭ (لىۋاننىڭ) ئەڭ چىرايلىق جايىغا (ھېچ توسالغۇسىز) بارىمەن» دېگەندەك پو ئاتىدىغان مەنىنى ئىپادىلەيتتى؛ چۈنكى لىۋاندا «كارمەل» دېگەن جاي يوق.\f* \m \v 25 ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچتىم؛ \m پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم ــ دېدىڭ.\f □ \fr 37:25 \ft \+bd «...پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم»\+bd* ــ يۇقىرىقى 24-ئايەتتە پادىشاھ ئۆزىنىڭ تەس ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، مەسىلەن، لىۋان رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى تاغلارغا چىقالايدىغانلىقىنى (كۆچمە مەنىسى، بەلكىم ئالىيجاناپ، كۈچلۈك پادىشاھلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. مۇشۇ 25-ئايەتتىكى «پۇتۇم... قۇرۇتىۋەتتىم» دېگىنى، دېھقاننىڭ پۇتى بىلەنلا توپىنى ئىتتىرىپ ئېرىقنى توسۇپ، سۇنى قۇرۇتىۋەتكىنىدەك، «مەن خالىساملا ناھايىتى ئاسانلا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن، ھەتتا نىل دەرياسىنىمۇ قۇرۇتىۋېتەلەيمەن» دېگەن مەنمەنلىكنى بىلدۈرمەكچى.\f* \m \v 26 ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ \m ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، \m قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، \m ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، \m مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ \m \v 27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، \m يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ \m ئۇلار ئېتىزدىكى ئوتتەك، \m يۇمران كۆك چۆپلەردەك، \m ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى.\f □ \fr 37:27 \ft \+bd «ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر...»\+bd* ــ بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.\f* \m \v 28 بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ \m \v 29 ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى تۈپەيلىدىن، \m مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، \m يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، \m ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن.\f □ \fr 37:29 \ft \+bd «مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن...»\+bd* ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى مۇشۇنداق رەھىمسىز يول بىلەن ئەسىرلەرنى يالاپ ماڭاتتى.\f* \m \v 30 ئى \add ھەزەكىيا\add*، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ \m مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، \m ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ \m ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ \m ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر.\f □ \fr 37:30 \ft \+bd «ئى ھەزەكىيا، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ مۆجىزە ئىشەنچ-ئېتىقادنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەم خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېرىقچىلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ ئاسۇرىيە قوشۇنى كەتكەندىن كېيىنكى يىلىدىمۇ، بەلكىم قوشۇنىدىن قالغان قىسىملىرى يەنىلا پاراكەندىچىلىك قىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مۆجىزە ئۈچىنچى يىلغىچە سوزۇلىدۇ. \fp «ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر... مېۋىسىنى يەيسىلەر» دېگەن ۋەدە، تىنچلىق مەزگىلنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئۈزۈم تاللىرىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئەلۋەتتە). \fp كىشىلەرنىڭ ئاسۇرىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز چېكىنىشىنى «تاسادىپىيلىقتىن» دېمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىككىنچى مۆجىزە بېرىلدى. شۇنداقتىمۇ، تەۋراتتىكى «پادىشاھلار» دېگەن قىسىمغا قارىغاندا، خەلقلەر يەنىلا ئىككى مۆجىزىنى تېزلا ئۇنتۇپ خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىۋەردى.\f* \m \v 31 يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، \m يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ \m \v 32 چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، \m زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. \m \v 33 شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ئۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، \m نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ \m نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، \m نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. \m \v 34 ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، \m شۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 35 ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». \x + \xo 37:35 \xt 2پاد. 20‏:6\x* \m \v 36 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! \f □ \fr 37:36 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»\+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 18-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 37:36 \xt 2پاد. 19‏:35\x* \v 37 شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. \v 38 شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. \f □ \fr 37:38 \ft \+bd «ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقە، سەنناخېرىب ئىسرائىلدىن چېكىنىشتىن 20 يىل كېيىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 681-يىلى) بولدى.\f* \b \b \m \c 38 \s1 «يەشايا»نىڭ ئىككىنچى قىسمى •••• ھەزەكىيانىڭ ئېغىر كېسىلگە گىرىپتار بولۇشى ۋە دۇئاسى \m \v 1 شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ \m پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن، ــ دېدى.\f □ \fr 38:1 \ft \+bd «شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بىلەن «يەشايا» دېگەن كىتابنىڭ «ئىككىنچى قىسمى» باشلىنىدۇ. كىرىش سۆزىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 ھەزەكىيا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: \m \v 3 ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. \m ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. \m \v 4 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەشاياغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 5 بېرىپ ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ \m پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، كۈنلىرىڭگە يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ \f □ \fr 38:5 \ft \+bd «ئاتاڭ داۋۇت»\+bd* ــ ھەزەكىيا داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئون ئۈچىنچى ئەۋلادى ئىدى.\f* \v 6 شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن سېپىل بولۇپ بۇ شەھەرنى قوغدايمەن. \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، \v 8 مانا، مەن قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ئون قەدەم كەينىگە ياندۇرىمەن». \m شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى. \f □ \fr 38:8 \ft \+bd «...شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى»\+bd* ــ مېروداق-بالادان (1:39) ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى غۇلىتىلدى. مۇشۇ ئىشمۇ شۇ يىلدا بولغان بولۇشى كېرەك. \fp دېمەك، مۇشۇ ئىككى ۋەقە (ھەزەكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە بېرىلگەن كارامەت مۆجىزە) ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تاجاۋۇزچىلىق قىلىشتىن \+bd ئىلگىرى\+bd*، بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 703- ياكى 702-يىلى يۈز بەرگەن (39-بابتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 38:8 \xt 2پاد. 20‏:7-9\x* \b \m \s1 ھەزەكىيانىڭ ئۆز كېسىلى توغرۇلۇق خاتىرىلىرى \m \v 9 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ، ئاندىن كېسىلىدىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مۇنداق خاتىرىلەرنى يازدى: \m \v 10 ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، \m قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. \m \v 11 مەن: ــ «تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇپ خۇدايىم ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، \m شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم.\f □ \fr 38:11 \ft \+bd «ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان»\+bd* ــ «ياھ» دېگەن «ياھۋەھ» دېگەننىڭ قىسقا شەكلى، دېمەك پەرۋەردىگارنىڭ نامىنىڭ بىرخىل قىسقارتىلىپ ئېيتىلىشى. \+bd «ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم»\+bd* ــ ھەزەكىيا: ــ «تەھتىسارادا بولغاندا، خۇدانى ياكى ئادەمنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن» دېمەكچى ئەمەس؛ تەكىتلەيدىغان ئىش تىرىك تۇرۇپ كۆرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشتۇر. تەھتىسارانىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدىن بىز 14-بابتا ئازراق مەلۇمات ئالالايمىز.\f* \m \v 12 مېنىڭ تۇرالغۇم چارۋىچىنىڭ چېدىرىدەك ئۆزۈمدىن يۆتكىلىپ كەتتى؛ \m مەن باپكار ئۆز توقۇغىنىنى تۈرۈۋەتكىنىدەك ھاياتىمنى تۈرىۋەتتىم؛ \m ئۇ مېنى توقۇش دەستىگاھىدىن كېسىۋەتتى؛ \m تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن \add خۇدا\add* جېنىمنى ئالىسەن؛ \m \v 13 تاڭ ئاتقۇچە مەن كۈتۈپ، ئۆزۈمنى تىنچلاندۇرۇپ يۈرىمەن، \m بىراق ئۇ شىرغا ئوخشاش ھەممە سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرغاندەك قىلىدۇ؛ \m تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن \add خۇدا\add* جېنىمنى ئالىسەن. \m \v 14 مەن قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك ۋىچىرلاپ يۈرىمەن؛ \m پاختەكتەك ئاھ-ئۇھ ئۇرىمەن؛ \m كۆزلىرىم يۇقىرىغا قاراش بىلەن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؛ \m ئى رەب، مېنى زۇلۇم باستى! \m جېنىمغا كېپىل بولغىن!\x + \xo 38:14 \xt يەش. 59‏:11\x* \m \v 15 نېمە دېسەم بولار؟ چۈنكى ئۇ ماڭا سۆز قىلدى ۋە ئۆزى مۇشۇ ئىشنى قىلدى! \m جېنىم تارتقان ئازاب تۈپەيلىدىن مەن بار يىللىرىمدا قەدەملىرىمنى ساناپ بېسىپ ئاۋايلاپ ماڭىمەن. \m \v 16 ئى رەب، ئادەملەر مۇشۇنداق ساۋاقلار بىلەن ياشىشى كېرەك؛ \m روھىم مۇشۇ ساۋاقلاردىن ھاياتىنى تاپىدۇ؛ \m سەن مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ، مېنى ھايات قىلدىڭ! \m \v 17 مانا، ئۆزۈمنىڭ بەخت-تىنچلىقىم ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب تارتتىم؛ \m ماڭا بولغان سۆيگۈڭ تۈپەيلىدىن جېنىمنى ھالاكەت ھاڭىدىن چىقاردىڭسەن؛ \m سەن ھەممە گۇناھلىرىمنى كەينىڭگە چۆرۈۋەتتىڭسەن. \m \v 18 چۈنكى تەھتىسارا ساڭا رەھمەت ئېيتالمايدۇ؛ \m ئۆلۈم سېنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ؛ \m ھاڭغا چۈشىۋاتقانلار سېنىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭغا ئۈمىد باغلىيالمايدۇ. \m \v 19 ئۆزۈم بۈگۈن قىلغىنىمدەك ساڭا رەھمەت ئېيتىدىغانلار تىرىكلەر، تىرىكلەردۇر؛ \m ئاتا بولغۇچى ئوغۇللىرىغا ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. \m \v 20 پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزۇشقا نىيەت باغلىغاندۇر؛ \m بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!».\f □ \fr 38:20 \ft \+bd «بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!»\+bd* ــ خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان بۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلغىنى بىلەن، ھەزەكىيا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىككى كارامەت ئىشنى (ئۆزىنىڭ ساقايتىلىشى ۋە 7-ئايەتتىكى مۆجىزىنى) ئېسىدە چىڭ ساقلىغان ئەمەس. يۇقىرىقى بابلاردا دېگەندەك، ئاسۇرىيە قوشۇنلىرى بېسىپ كىرگەندە، ئۇ خۇدانىڭ 6-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ، ھودۇقۇپ كەتتى. تۆۋەندىكى 39-بابتىكى ۋەقەدىمۇ ئۇ «قەدەملىرىمنى ساناپ ماڭىمەن» دېگەن ئۆز ۋەدىسىنى ئۇنتۇيدۇ.\f* \m \v 21 (يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاپ، يارىسىغا چاپلاڭلار، ئۇ ئەسلىگە كېلىدۇ»، دېگەنىدى \x + \xo 38:21 \xt 2پاد. 20‏:7\x* \v 22 ۋە ھەزەكىيا: ــ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بېرىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى). \b \b \m \c 39 \s1 بابىل پادىشاھىدىن كەلگەن ئەلچىلەر •••• چوڭ بىر خاتالىق \m \v 1 شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى.\f □ \fr 39:1 \ft \+bd «شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ... ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى»\+bd* ــ مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى غۇلىتىلدى. مۇشۇ ئىشمۇ شۇ يىلدا بولغان بولۇشى كېرەك. \fp دېمەك، 38-، 39-بابتا تەسۋىرلەنگەن ئىشلار 36- ۋە 37-بابتا تەسۋىرلەنگەن ئىشلاردىن \+bd ئىلگىرى\+bd* يۈز بەرگەن. ئەمدى نېمىشقا ئۇلاردىن كېيىن خاتىرىلەنگەن؟ \fp بىلىمىزكى، «يەشايا» (دېگەن كىتاب)نىڭ 40-66-بابلىرىدىكى خەۋەر-بېشارەتلەر، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كېيىنكى «بابىل ئىمپېرىيەسىگە ئەسىر بولۇپ چۈشكەنلەر»گە، يەنى سۈرگۈن بولغان ئىسرائىللارغا، يەنى ئۇلارنىڭ «قالدىسى» بولغان ئەۋلادلىرىغا قارىتىلىدۇ. ئۇنداقتا 39-باب مۇشۇ ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.\f* \m \v 2 ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. \v 3 ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ \m «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. \m ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن»، دېدى. \m \v 4 يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. \m ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. \m \v 5 يەشايا ھەزەكىياغا مۇنداق دېدى: ــ \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ \m \v 6 ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \v 7 ــ ھەمدە \add بابىللىقلار\add* ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ.\f □ \fr 39:7 \ft \+bd «...ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ»\+bd* ــ كۆرۈنۈشتە ئاددىي كۆرۈنگەن مۇشۇ ۋەقە ئۈچۈن نېمىشقا مۇشۇ قاتتىق جازالىق سۆز (6-7-ئايەتلەر) چىقىدۇ؟ پىكرىمىزچە، ئۈچ سەۋەبى بار: ــ \fp (1) ھەزەكىيا خۇداغا: «قەدەملىرىمنى ساناپ ماڭىمەن» دېگەن ۋەدىنى بەرگەنىدى، لېكىن بۇ قېتىم خۇدادىن ھېچ سورىماي شۇنداق قىلغان؛ \fp (2) ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئۇ بەلكىم: «ھازىر مەن «جاھانغا داڭقى چىققان ئادەممەن»، «كىچىك دۆلىتىمىزنىڭ جاھاندا ئورنى بار» دەپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. \fp (3) مۇشۇلاردىن سىرت، بىلىشىمىزچە مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى بەرپا قىلماقچى. ئۇ «تەكەللۇپ كۆرسىتىدىغان» مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەزەكىيانى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغانلىقىنى، قۇياشنىڭ نۇرىنىڭ «كەينىگە يانغانلىقى»دەك ئىنتايىن كارامەت مۆجىزىنى كۆرگەن، خۇدانىڭ «مەن سىلەرنى ئاسۇرىيەدىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ھەزەكىيا قانداقمۇ خۇداسىز بىر ئەل-يۇرت بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغاندۇ؟ \fp «ئاغۋات» ــ پىچىۋېتىلگەن ئادەم، 56-باب، 4-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، \add خۇدانىڭ\add* ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. \f □ \fr 39:8 \ft \+bd «...«سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن»»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە، ھەزەكىيانىڭ ئۆز-ئۆزىگە دېگەنلىرى باشقىلارغا، ھەتتا ئۆز جەمەتىگە بولغان بىرخىل بىغەم، كۆيۈمسىز پوزىتسىيەنى بىلدۈرىدۇ. يەشايا دېگەن بېشارەت ئەمەلىيەتتە يۈز يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇشى بولسا بەلكىم يەھۇدانىڭ كېيىنكى بىر پادىشاھى (يوسىيا)نىڭ قاتتىق توۋا قىلىشى تۈپەيلىدىن بولدى.\f* \b \b \m \c 40 \s1 ئىسرائىلغا بېرىلگەن تەسەللى؛ •••• دۇنياغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۈمىد-تەسەللى \m \v 1 خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛ \m \v 2 يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى، \m ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى، \m ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛ \m چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ \add مېھىر-شەپقىتىنى\add* ئالدى.\f □ \fr 40:2 \ft \+bd «يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى،....»\+bd* ــ مەزكۇر خەۋەرنى كىمنىڭ جاكارلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلمىدى. بەلكىم مۇشۇ سۆز خۇدانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە قارىتىلىدۇ. كىرىش سۆزىمىزدە دېيىلگىنىدەك، كىتابنىڭ قالغان قىسىملىرى (40-66-بابلار) يەشايانىڭ ئۆمرىدىن كېيىنكى بىر دەۋردىكى ئىسرائىللار، يەنى پالاندى بولىدىغان بىر دەۋرگە ياكى دەۋرلەرگە قارىتىلىدۇ؛ سۈرگۈن قىلغۇچى بابىل ئىمپېرىيەسى بولغىنى بىلەن، كۆرۈپ تۇرىمىزكى، «يەشايا»نىڭ بىرىنچى قىسمىدىكىدەك، ئىككىنچى قىسىمدىكى بەزى بېشارەتلەرمۇ ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقىتىنى ئالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گۇناھلىرى ئۈچۈن ئىككە ھەسسىلەپ ئالدى» دېيىلىدۇ. شەرھچىلەرنىڭ «ئىككى ھەسسىلەپ» دېگەن مۇشۇ ئىبارە ئۈستىدە بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈچ خىل كۆزقارىشى بار: ــ \fp (1) ئىسرائىل گۇناھلىرى ئۈچۈن ئىككى ھەسسە جازا ئالدى. ئىسرائىل خۇدانىڭ «تۇنجى ئوغلى» بولۇپ، باشقا ئەل-مىللەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى ھەسسە بەرىكەت ئالىدۇ. ئۇ «تۇنجى ئوغلى» بولۇپ، يەنە باشقا ئەل-مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قوبۇل قىلغان ۋەھىي-خەۋىرىمۇ كۆپ. شۇڭا بۇلارنى باشقا ئەللەرگە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمۇ كۆپ؛ گۇناھى بار بولسا باشقا ئەل-مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا «ئىككى ھەسسە» ئارتۇق جازالىنىشى كېرەك. بىراق بۇ بېشارەتكە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ جازالىنىش مەزگىلى ئاخىرلاشتى. \fp (2) «ئىككى ھەسسىلەپ»نىڭ مەنىسى «دەل گۇناھىغا ماس كېلىدىغان جازا» دېگەنلىكتۇر. \fp (3) خۇدا ئىسرائىلغا زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يەنى گۇناھىنىڭ ئورنىغا «ئىككى ھەسسىلەپ» مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ پىكرىمىز ئەينى شۇنداق (61-باب، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئۇنداقتا «ئىككى ھەسسىلەپ» بولسا ھەم كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم خۇدانىڭ روھىنى، يېڭى ھاياتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر (مەسىلەن، 43-باب، 25-ئايەتتىن 44-باب، 5-ئايەتكىچە، ھەم 61-باب، 7-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). مۇنداق زور مېھىر-شەپقەتنىڭ كېلىپ-چىقىش سىرلىرى 53-بابتا ئاشكارىلىنىدۇ. \fp مۇشۇ ئۈچ خىل كۆزقاراشنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمىي مەنىسى شۇكى، خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلماقچى ھەم ئۇلارغا مېھرىبانلىقىنى كۆرسەتمەكچى.\f* \m \v 3 ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! \m «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، \m چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار!\f □ \fr 40:3 \ft \+bd «ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار!»\+bd* ــ مۇشۇ نامسىز زاتنىڭ ئاۋازى ئېيتقان يول يۇقىرىقى 35-بابتىكى يول ئەمەس؛ ئاشۇ يول زىئونغا قايتقانلار ئۈچۈن تەييارلانغان. مۇشۇ يولنى بولسا، \+bd خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ\+bd* كېلىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن (سۆيۈملۈك بىر پادىشاھ قارشى ئېلىنغاندەك) \+bd ئادەملەر\+bd* تەييارلىشى كېرەك. \fp نامسىز زاتنىڭ ئاۋازنىڭ بىر ئىپادىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنجىل، «لۇقا» 3-باب 1-6-ئايەتنى، «يۇھ.» 23:1نى كۆرۈڭ. شۇ يەرلەردە «نامسىز زات»نىڭ دەل چۈمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 40:3 \xt مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4؛ يـۇھ. 1‏:23\x* \m \v 4 بارلىق جىلغىلار كۆتۈرۈلىدۇ، \m بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەس قىلىنىدۇ؛ \m ئەگرى-توقايلار تۈزلىنىدۇ، \m ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشىلىنىدۇ. \m \v 5 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ، \m ۋە بارلىق تەن ئىگىلىرى ئۇنى تەڭ كۆرىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئاغزى شۇنداق سۆز قىلغان!».\x + \xo 40:5 \xt يـۇھ. 1‏:14\x* \m \v 6 ــ ئاڭلاڭلار، بىر ئاۋاز «جاكارلا» دەيدۇ؛ \m جاكارلىغۇچى بولسا مۇنداق سوراپ: ــ «مەن نېمىنى جاكارلايمەن؟» ــ دېدى. \m \add جاۋاب بولسا: ــ \add* «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس؛ \m ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاپالىقى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛\x + \xo 40:6 \xt ئايۇپ 14‏:2؛ زەب. 90‏:5، 6؛ 102‏:11؛ 103‏:15-16؛ ياق. 1‏:10؛ 1پېت. 1‏:24\x* \m \v 7 ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۈستىگە پۈۋلەيدۇ؛ \m بەرھەق، \add بارلىق\add* خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر!\f □ \fr 40:7 \ft \+bd «بەرھەق، بارلىق خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «خەلق» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ \m بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»\f □ \fr 40:8 \ft \+bd «ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»\+bd* ــ شەرھىمىز بويىچە، 3-5-ئايەتتىكى ئاۋاز چۈمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭكى، 6-ئايەتتىكى بىرىنچى نامسىز زاتنىڭ ئاۋازى خۇدانىڭكى؛ ئىككىنچى نامسىز زاتنىڭ سەل ئۈمىدسىزلەن ھالەتتە سوئال سورىغان ئاۋازى يەنىلا يەھيا پەيغەمبەرنىڭكى. باشقىلار ئىككىنچى ئاۋازنى يەشايانىڭكى ياكى نامسىز بىر پەيغەمبەرنىڭكى، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى ئاۋازنىڭ دېگەن گەپلىرى 7-ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا ئۇنىڭغا 8-ئايەتتە «ئۈمىدسىزلەنمە» دېگەن مەنىدە جاۋاب بېرىدۇ ھەم 9-ئايەتتە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسرائىلغا زور ئۈمىد يەتكۈزىدۇ.\f*  \x + \xo 40:8 \xt 1پېت. 1‏:25\x* \m \v 9 ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛ \m يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى، \m ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن! \m ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن! \m يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن! \m \v 10 مانا، رەب پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىدە كېلىۋاتىدۇ، \m ئۇنىڭ بىلىكى ئۆزى ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ؛ \m مانا، ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتى ئۆزى بىلەن بىللە، \m ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.\f □ \fr 40:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى»\+bd* ــ تولۇق مەنىسى كېيىنكى بابلاردا، بولۇپمۇ 1:53دە ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى»نىڭ باشقا بىر نامىدۇر.\f*  \x + \xo 40:10 \xt يەش. 62‏:11\x* \m \v 11 قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛ \m ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ، \m ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ. \x + \xo 40:11 \xt يەش. 49‏:10؛ ئ‍ەز. 34‏:23، 24؛ مىك. 7‏:14؛ يـۇھ. 10‏:11\x* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ تەڭداشسىز خۇداسى \m \v 12 كىم دەريا-ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىنى ئوچۇمىدا ئۆلچەپ بەلگىلىگەن، \m ئاسمانلارنى غېرىچلاپ بېكىتكەن، \m جاھاننىڭ توپا-چاڭلىرىنى مىسقاللاپ سالغان، \m تاغلارنى تارازىدا تارازىلاپ، \m دۆڭلەرنى جىڭدا تارتىپ ئورناتقان؟ \m \v 13 كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟ \m كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولۇپ ئۆگەتكەن؟\x + \xo 40:13 \xt رىم. 11‏:34؛ 1كور. 2‏:16\x* \m \v 14 ئۇ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، \m كىم ئۇنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلىگەن؟ \m ئۇنىڭغا ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقىرىش يولىدا كىم يېتەكلىگەن، \m ياكى ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەتكەن، \m ياكى ئۇنىڭغا يورۇتۇلۇش يولىنى كىم كۆرسەتكەن؟ \m \v 15 مانا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن چېلەكتە قالغان بىر تامچا سۇدەك، \m تارازىدا قالغان توپا-چاڭدەك ھېسابلىنىدۇ؛ \m مانا، ئۇ ئاراللارنى زەررىچە نەرسىدەك قولىغا ئالىدۇ؛ \m \v 16 پۈتكۈل لىۋان بولسا \add قۇربانگاھ\add* ئوتىغا، \m ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ.\f □ \fr 40:16 \ft \+bd «پۈتكۈل لىۋان بولسا قۇربانگاھ ئوتىغا، ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ»\+bd* ــ لىۋان ئورمانلىق كۆپ رايون. دېمەك، خۇداغا ھەقىقىي لايىق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن لىۋاندىكى بارلىق دەرەخلەر قۇربانگاھقا كېرەك بولىدىغان ئوتقا يېتىشمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىكى بارلىق كالا-قويلارمۇ قۇربانلىق بولۇشقا يېتىشمەيدۇ.\f* \m \v 17 ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛ \m ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلار يوقنىڭ ئارىلىقىدا، \m قۇرۇق-مەنىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ.\x + \xo 40:17 \xt دان. 4‏:32\x* \m \v 18 ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ \m ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىپ سېلىشتۇرىسىلەر؟\x + \xo 40:18 \xt يەش. 46‏:5؛ روس. 17‏:29\x* \m \v 19 \add بىر بۇتقىمۇ؟!\add* ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛ \m زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇن ھەل بېرىدۇ، \m ئۇنىڭغا كۈمۈش زەنجىرلەرنى سوقۇپ ياسايدۇ. \m \v 20 يوقسۇللارنىڭ بېغىشلىغۇدەك ئۇنداق ھەدىيىلىرى بولمىسا، چىرىمەيدىغان بىر دەرەخنى تاللايدۇ؛ \m ئۇ لىڭشىپ قالمىغۇدەك بىر بۇتنى ئويۇپ ياساشقا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەن ئىزدەپ چاقىرىدۇ. \m \v 21 سىلەر بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ سىلەرگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغانمىدۇ؟ يەر-زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ \m \v 22 ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، \m ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا چاقچىقىرلاردەك تۇرىدۇ؛ \m ئۇ ئاسمانلارنى پەردىدەك تارتىدۇ، \m ئۇلارنى خۇددى ماكان قىلىدىغان چېدىردەك يايىدۇ؛\f □ \fr 40:22 \ft \+bd «چاقچىقىر»\+bd* ــ كىچىك بىر خىل چېكەتكە.\f*  \x + \xo 40:22 \xt ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 44‏:24\x* \m \v 23 ئۇ ئەمىرلەرنى يوققا چىقىرىدۇ؛ \m جاھاندىكى سوتچى-بەگلەرنى ئارتۇقچە قىلىدۇ.\x + \xo 40:23 \xt ئايۇپ 12‏:21؛ زەب. 107‏:40\x* \m \v 24 ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟ \m ــ بىراق ئۇ ئۈستىگىلا پۈۋلەپ، ئۇلار سولىشىپ كېتىدۇ، \m قۇيۇن ئۇلارنى توپاندەك ئېلىپ تاشلايدۇ. \m \v 25 ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ \m ماڭا كىم تەڭداش بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ مۇقەددەس بولغۇچى. \m \v 26 كۆزلىرىڭلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، قاراڭلار! \m مۇشۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ \m ئۇلارنى كىم تۈركۈم-تۈركۈم قوشۇنلار قىلىپ تەرتىپلىك ئەپچىقىدۇ؟ \m ئۇ ھەممىسىنى نامى بىلەن بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ؛ \m ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، قۇدرىتىنىڭ زورلۇقى بىلەن، \m ئۇلاردىن بىرىمۇ كەم قالمايدۇ. \m \v 27 ــ نېمىشقا شۇنى دەۋېرىسەن، ئى ياقۇپ؟ \m نېمىشقا مۇنداق سۆزلەۋېرىسەن، ئى ئىسرائىل: ــ \m «مېنىڭ يولۇم پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇندۇر، \m خۇدايىم مېنىڭ دەۋايىمغا ئېرەن قىلماي ئۆتىۋېرىدۇ!»؟ \m \v 28 سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ \m پەرۋەردىگار ــ ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا، \m جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر! \m ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ.\x + \xo 40:28 \xt زەب. 147‏:5\x* \m \v 29 ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛ \m ماغدۇرسىزلارغا ئۇ بەرداشلىقنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتىدۇ. \m \v 30 ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ، \m باتۇرلار بولسا پۇتلىشىپ يىقىلسىمۇ، \m \v 31 بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛ \m ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛ \m ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛ \m يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ! \b \b \m \c 41 \s1 خۇدانىڭ ئەل-مىللەتلەرگە بەرگەن تەكلىپى \m \v 1 ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ \m خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! \m ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ \m توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!» \b \m \s1 ئەللەرنىڭ مەسىلىسى ــ بۇتپەرەسلىكتۇر •••• خۇدا ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەرگەن بىر بېشارەت \m \v 2 «كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ، \m ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟ \m ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، \m ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛ \m ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ، \m ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ.\f □ \fr 41:2 \ft \+bd «...ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا: ــ «ھەققانىيلىقنىڭ ئۆزى، (يەنى خۇدا) بۇ كىشىنى ئۆز پۇتى ئالدىغا چاقىردى؟».\f* \m \v 3 ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، \m پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛\f □ \fr 41:3 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ»\+bd* ــ يەشايا پەيغەمبەر بېشارەت قىلغان مۇشۇ نامسىز تاجاۋۇزچىنىڭ ئىسمى كېيىنرەك چىقىدۇ. مۇشۇ يەردە كۆرىمىزكى، (1) ئۇ قىلىدىغان ئۇرۇشلار بەك ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ؛ (3) ئۇنىڭ قىلىدىغان ئۇرۇشلىرى باشقا ئەللەرنى ھودۇقتۇرۇپ پاتىپاراق قىلىۋېتىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە، مېڭىپ باقمىغان يول بىلەن كېلىدۇ».\f* \m \v 4 ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، \m بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟ \m مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن، \m ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛ \m مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن.\f □ \fr 41:4 \ft \+bd «بارلىققا كەل»\+bd* ــ ياكى «يېنىمغا كەل». \+bd «ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، خۇدا ئالدىنئالا (پەيغەمبەر ئارقىلىق) ئېيتقان ئىشلار يۈز بەرگىنىدە، ئەللەر بېشارەتلەرنىڭ توغرا چىقىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنى گۇناھلىرىنى تاشلاپ، ئۆزىگە يېقىن كېلىپ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشىگە چاقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. \+bd «ئاخىرى بولغانلار»\+bd* ــ دۇنيادا ئەڭ ئاخىرى ھاتات بولغان ئىنسانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 41:4 \xt يەش. 43‏:10؛ 44‏:6؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:17؛ 22‏:13\x* \m \v 5 ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛ \m جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛ \m \v 6 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ، \m ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ. \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، \m مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. \f □ \fr 41:7 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ...»\+bd* ــ ئەللەر خۇدا بېشارەت قىلغان تاجاۋۇزچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قورقىدۇ (5-ئايەت). بىراق بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈشى بىلەن، بۇتپەرەسلىكىنى تاشلاپ خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىشىنىڭ ئورنىدا، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن (تۇمار سۈپىتىدە) بۇتلارنى ياساتماقچى بولىدۇ.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىلغا ئىلھام بېرىشى \m \v 8 بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، \m ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، \m ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ \x + \xo 41:8 \xt قان. 7‏:6؛ 10‏:15؛ 14‏:2؛ 2تار. 20‏:7؛ زەب. 135‏:4؛ يەش. 43‏:1؛ 44‏:1؛ ياق. 2‏:23\x* \m \v 9 مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، \m يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛ \m مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، \m مەن سېنى تاللىغان، \m سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم.\f □ \fr 41:9 \ft \+bd «مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنى ئېسىگە كەلتۈرسۇنكى، خۇدا ئىبراھىمنى يىراق يۇرتتىن قانائانغا (پەلەستىنگە) چاقىرغانىدى؛ كېيىن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مىسىردىن قۇتقۇزغانىدى. \+bd «سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «سېنى چەتكە قاقمىغانمەن».\f* \m \v 10 ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ \m ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ \m چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ \m مەن سېنى كۈچەيتىمەن، \m بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! \m بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن. \m \v 11 مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ \m ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ.\x + \xo 41:11 \xt مىس. 23‏:22؛ يەش. 60‏:12؛ زەك. 12‏:3\x* \m \v 12 سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛ \m سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ \m ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ. \m \v 13 چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ \m «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن. \m \v 14 قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، \m ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! \m مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى.\f □ \fr 41:14 \ft \+bd «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن مۇشۇ سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى كەمبەغەل بولۇپ، ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس قانۇنغا ئاساسەن، مۇشۇ كىشىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرىنىڭ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ («گوئېل») سېتىۋالغۇچى ئادەمگە پۇل بېرىپلا، ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار دېگەنلىكتۇر. ھوقۇقنى ئىشلىتىش ھەمجەمەتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. ئۇ ئىشلەتمەكچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توسالمايتتى. \fp يەشايا خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن دەل مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، خۇدا ئىسرائىلغا «ھەمجەمەت»لىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ «گوئېل»ى، يەنى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى» بولىدۇ. ئۇ ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.\f* \m \v 15 مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛ \m سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن، \m دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن.\x + \xo 41:15 \xt يەش. 17‏:13؛ 29‏:5\x* \m \v 16 سەن ئۇلارنى سورۇيسەن، \m شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، \m قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛ \m ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن، \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن. \m \v 17 بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ \m ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ \m مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ \m مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن.\x + \xo 41:17 \xt مات. 5‏:6\x* \m \v 18 مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى، \m جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛ \m دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن، \m تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن.\x + \xo 41:18 \xt زەب. 107‏:35؛ يەش. 35‏:7؛ 44‏:3\x* \m \v 19 دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ \m چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛\f □ \fr 41:19 \ft \+bd «دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ ... ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن»\+bd* ــ مۇشۇ دەرەخلەر (زەيتۇن دەرىخىدىن سىرت) مېۋە ئۈچۈن ئەمەس، سايە بېرىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ؛ بىرقانچە خىل دەرەخ بىرخىل مۇھىت ئاستىدا تەڭ ئۆسۈشى مۇمكىن ئەمەس. \fp قارىغاندا بۇ بېشارەت ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇ چاغدا خۇدا ئىسرائىلنى يېڭى بىر «مىسىردىن چىقىش» (ئەمەلىيەتتە، «جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن چىقىرىش») يولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ.\f* \m \v 20 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ \m «پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان، \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ. \b \m \s1 خۇدانىڭ بۇتپەرەسلەرنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى يەنە بىر سۆزى \m \v 21 ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \m ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى. \m \v 22 ــ \add بۇتلىرىڭلار\add* ئېلىپ كىرىلسۇن، \m بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ \m ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، \m شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ \m ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛ \m \v 23 سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، \m كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛ \m قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن، \m بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار!\f □ \fr 41:23 \ft \+bd «بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىش قىلىڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە «ھەرقانداق بىرەر ئىشنى قىلىڭلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇتلار ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 24 مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا، \m ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛ \m سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر. \b \m \s1 بېشارەت تەكرارلىنىدۇ؛ خۇدا بارلىق ئەل-يۇرتلارغا «مېنىڭ قۇلۇمنى تونۇڭلار» دەپ تونۇشتۇرىدۇ \m \v 25 بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ \m ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛ \m ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛\f □ \fr 41:25 \ft \+bd «بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ»\+bd* ــ تاجاۋۇزچى تېخى نامسىز، بىراق ھازىر ئۇ توغرۇلۇق يەنە بىر پاكىت بار؛ ئۇ شەرقتىن ھەمدە شىمال تەرەپتىنمۇ كېلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىپ كېلىدۇ».\f* \m \v 26 بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟ \m ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟ \m ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛ \m بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛ \m سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر! \m \v 27 مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم، \m يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم. \m \v 28 مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ \m مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق، \m شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق.\f □ \fr 41:28 \ft \+bd «شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق»\+bd* ــ «شۇلار» شۈبھىسىزكى، بۇتپەرەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 داۋامى \m \v 29 قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛ \m ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر، \m قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر. \b \b \m \c 42 \m \v 1 قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! \m جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ \m مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.\f □ \fr 42:1 \ft \+bd «ئۆز قۇلۇم \+bd*\+bd ، يەنى (پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى\+bd*» ــ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ «يات ئەللەر»گە بېغىشلىغان، ئۇلارنى بۇتپەرەسلىكتىن قۇتقۇزىدىغان جاۋابىدۇر. مۇشۇ ئايەتتىكى «قاراڭلار، مانا...» دېگەننى، 41-باب 29-ئايەتتىكى «جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىم يوق» قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. قارىغاندا، خۇدا تاللىغان مۇشۇ مۇلايىم، مۇھەببەتلىك كىشى ئەل-يۇرتلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ كېلىدۇ. \+bd «ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ»\+bd* ــ «ھۆكۈم-ھەقىقەت» (ئىبرانىي تىلىدا «مىشپات») ئېلىپ بېرىش» دېگەنلىك بولۇپ، ئۈچ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ــ (1) يۇقىرىقى -41بابتىكى (خۇدا بۇتلار بىلەن مۇھاكىمە قىلغان) «سوت»تىكى «ھۆكۈم-ھەقىقەت»، يەنى «خۇدا دېگەن تىرىك ھەم بىردۇر، بۇتلار يوقتىن بولغان نەرسە» دېگەن ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت. ھەقىقەتسىزلەر ھەقىقەتكە ئېرىشىدۇ؛ (2) خۇدانىڭ «ھەققانىي قۇل»ى خۇدانىڭ ئادىل قانۇن-پەرمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ (3) خاتالىقنى تۈزىتىش، ئۇۋال بولغانلارغا ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ.\f*  \x + \xo 42:1 \xt يەش. 11‏:2؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ يـۇھ. 3‏:34؛ ئ‍ەف. 1‏:6\x* \m \v 2 ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ.\f □ \fr 42:2 \ft \+bd «ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى، بەلكىم «ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ»، «ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئېلان قىلمايدۇ».\f* \m \v 3 تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، \m يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، \m تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛\f □ \fr 42:3 \ft \+bd «ھۆكۈم-ھەقىقەت»\+bd* ــ توغرۇلۇق 1:42دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 4 ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەر يۈزىدە تىكلىمىگۈچە، \m ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ؛ \m ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ.\f □ \fr 42:4 \ft \+bd «ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ...»\+bd* ــ «ھالسىزلانمايدۇ» ۋە «كۆڭلى يانمايدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىبرانىي تىلىدا 3-ئايەتتىكى «تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان» ھەم «يانجىلغان» دېگەنلەر بىلەن يىلتىزداشتۇر. \+bd «ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ»\+bd* ــ ھازىر (يەشايا كىتابىدىكى مۇشۇ يەرگىچە) «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق شۇنداق خەۋىرىمىز بار: ــ \fp (1) خۇدا ئۇنى پەۋقۇلئاددە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن زور خۇشاللىق ئالىدۇ. \fp (2) خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ تۇرىدۇ. \fp (3) ئۇ تالاش-تارتىش قىلمايدىغان، كەمتەر، كىچىك پېئىللىق ئادەم بولىدۇ. \fp (4) ئۇ ئىنتايىن مۇلايىم ئادەم بولۇپ، ھەتتا «ئۈمىد يوق» بولغۇدەك «يانجىلغان قومۇش» ياكى «تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىك»كىمۇ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. \fp (5) ئۇ دۇنياغا كەلگەندە، خۇدانىڭ ھەقىقەتلىرىنى، توغرا ھۆكۈملىرىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزمىگۈچە ھەرگىز يولدىن يانمايدۇ. \fp (6) پۈتۈن دۇنيا، ھەتتا ئەڭ چەت جايلاردىكىلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنىڭ سۆز-ھۆكۈملىرىگە تەشنا بولىدۇ.\f* \m \v 5 ئاسمانلارنى يارىتىپ ئۇلارنى كەرگەن، \m يەر-زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن چىققانلارنى يايغان، \m ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلققە نەپەس، \m ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلارغا روھ بەرگۈچى تەڭرى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 6 مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى، \m ــ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن، \m سېنى قوغداپ ساقلايمەن، \m ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، \m ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛\f □ \fr 42:6 \ft \+bd «ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن»\+bd* ــ «خەلق» تەۋراتتا ئادەتتە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ، «ئەللەر» «ئىسرائىلدىن باشقا خەلقلەر»نى، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 7 قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، \m زىنداندىن مەھبۇسلارنى، \m تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى \add ئەۋەتىمەن\add*.\f □ \fr 42:7 \ft \+bd «قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، زىنداندىن مەھبۇسلارنى، تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردىن «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرىسىدا شۇلارنىمۇ كۆرۈمىزكى: ــ \fp (7) ئۇ خۇدانىڭ زور ياردىمىگە ئىگە بولىدۇ؛ \fp (8) ئۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆزى بىر «ئەھدە» بولىدۇ ھەم ئۆزى «نۇر» بولىدۇ. \fp (9) بۇ ئەھدىنىڭ مەزمۇنى بولسا (5-ئايەت خۇدانىڭ دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ غېمىدە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەندەك) خەلقلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. \fp (10) خۇدا ئۇنى (مەسىھنى) ئەھدە سۈپىتىدە جاھاندىكى بارلىق خەلققە ھەدىيە قىلغاندەك «بېرىدۇ».\f* \m \v 8 مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ \m شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، \m ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.\x + \xo 42:8 \xt يەش. 48‏:11\x* \m \v 9 مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ \m سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ \m ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، \m مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن.\f □ \fr 42:9 \ft \+bd «مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن...»\+bd* ــ «ئالدىنقى ئىشلار» بەلكىم 41-باب، 1-4-ئايەتتىكى، «تاجاۋۇزچى»نىڭ ئىشلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «يېڭى ئىشلار» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى» توغرۇلۇقتۇر. «تاجاۋۇزچى» ۋە «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى سېلىشتۇرساق، تاجاۋۇزچى ۋەيرانچىلىق قىلىدۇ، ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ، بۇتپەرەسلىك تېخىمۇ كۈچىيىدۇ؛ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» بولسا خەقلەرگە رەھىم قىلىدۇ، ئادەمنى ساقايتىدۇ، ئەل-يۇرتلارنى، يەنى «يات ئەللەر»نى خۇداغا قارىتىپ ئۇنىڭ نۇرىغا يېتەكلەيدۇ.\f* \m \v 10 ــ پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار، \m ئى دېڭىزدا يۈرگەنلەر ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار، \m ئاراللار ھەم ئۇلاردا تۇرغانلارمۇ، \m جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!\f □ \fr 42:10 \ft \+bd «دېڭىزدا يۈرگەنلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دېڭىزغا چۈشكەنلەر» ــ «زەب.» 23:107نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 42:10 \xt زەب. 33‏:3\x* \m \v 11 دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر، \m كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن، \m سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن، \m تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن!\f □ \fr 42:11 \ft \+bd «كېدار قەبىلىسىدىكىلەر... سېلادىكىلەر...»\+bd* ــ «كېدار قەبىلىسى» ئەرەبلەرنىڭ بىر قەبىلىسى ئىدى. «سېلا» بولسا ئېدومنىڭ بىر شەھىرى (سېلا قورام تاش ئۈستىگە سېلىنغان ــ مەنىسى «قورام تاش»). يۇقىرىقى 34-بابتا دېيىلگەندەك، ئېدوم خۇدانىڭ سۆزىگە قارشى تۇرغىنى بىلەن، ئېدومدىن خۇداغا توۋا قىلىپ ھەقىقىي ئىبادەت قىلىدىغانلار بولىدۇ.\f* \m \v 12 ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن، \m ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى ئاراللاردىمۇ جاكارلانسۇن. \m \v 13 پەرۋەردىگار پالۋاندەك چىقىدۇ، \m باتۇر لەشكەردەك ئوتلۇق مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ؛ \m ئۇ ۋارقىرايدۇ، بەرھەق شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ \m دۈشمەنلىرى ئۈستىگە زور كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ. \m \v 14 ــ «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ \m جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ \m بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ \m ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن!\f □ \fr 42:14 \ft \+bd «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن!»\+bd* ــ «يېڭى ئىشلار» يەنى ئۇنىڭ «ھەققانىي قۇلى»نىڭ دۇنياغا كېلىشى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھلىرىنىڭ ئاسارەتلىرىدىن قۇتقۇزۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا بۇ «يېڭى ئىشلار»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى تۇتقاندەك بولىدۇ (10-17-ئايەتلەر تولۇق بىر بۆلۈمدۇر). \fp دېمىسەكمۇ، مۇشۇ «يېڭى ئىشلار» خۇداغا نىسبەتەن پۈتكۈل ئالەمدىن مۇھىمدەك تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئاسمان-زېمىننى بىر سۆز بىلەنلا ياراتقان؛ بىراق مۇشۇ ئىشلارنى ئۇ تەشنالىق بىلەن ئۇزۇن، يەنى ئەبەدىلئەبەد كۈتۈپ كەلگەن ھەم ئۇلارنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر جاپا ھەم ئازاب تارتقاندەك قىلىدۇ. مۇشۇ ئىنتايىن سىرلىق ئىشتۇر! \+bd «ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن»\+bd* ــ ئىككى ئىشنىڭ تەڭ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 15 مەن تاغلارنى ھەم دۆڭلەرنى چۆلدەرىتىمەن، \m ئۇلارنىڭ ھەممە يېشىللىقلىرىنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ \m دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ \m كۆلچەكلەرنىمۇ قاغجىرىتىمەن. \m \v 16 قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن، \m ئۇلارنى ئۇلار بىلمىگەن يوللاردا يېتەكلەيمەن؛ \m ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقنى نۇر، \m ئەگرى-توقاي يەرلەرنى تۈپتۈز قىلىمەن. \m مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، \m ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن.\f □ \fr 42:16 \ft \+bd «قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن... مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن»\+bd* ــ 15- ۋە 16-ئايەتكە قارىغاندا، «يېڭى ئىشلار» دۇنياغا كەلگەندە، بەزى كىشلەر ئۈچۈن ئازابلىق بولىدۇ؛ يەر-زېمىن ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇدا باشقا بىرنەچچە «قارىغۇلار» (بەلكىم، گۇناھىنى، جۈملىدىن بۇتپەرەسلىكنى تونۇپ يېتىدىغانلار) ئۈچۈن موھتاجلىرىنى تەمىنلەيدىغان مەخسۇس شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ.\f* \m \v 17 ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار، \m قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا، \m ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ، \m قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ.\x + \xo 42:17 \xt زەب. 97‏:7؛ يەش. 1‏:29؛ 44‏:11؛ 45‏:16\x* \m \v 18 ــ «ئاڭلاڭلار، ئى گاسلار! \m قارىغۇلار، كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭلار! \m \v 19 مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟ \m مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟ \m كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ \m كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟\f □ \fr 42:19 \ft \+bd «مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك»\+bd* ــ ياكى «مەن بىلەن ئىناق قىلىنغاندەك». \+bd «...كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟»\+bd* ــ بىر سوئال تۇغۇلىدۇكى، مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «مېنىڭ قۇلۇم» يۇقىرىقى «خۇشاللىقىم بولغان قۇلۇم»مۇ ياكى باشقىسىمۇ؟ تېزلا كۆرىمىزكى، ئۇ ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۆزى بولىدۇ (مەسىلەن، 22-ئايەتنى كۆرۈڭ). خۇدا 18-ئايەتتە، ئۆزى تەرىپىدىن ساقايتىلغان (16-ئايەت)، ئەسلى بۇتپەرەس «قارىغۇ» بولغان ئەل-يۇرتلارنى («يات ئەللەرنى») ئۆزىنىڭ «قارىغۇ» خەلقىنى، يەنى ئىسرائىلنى نەزىرىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ. دېمەك، ئىسرائىل تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ «قارىغۇ» دەپ ھېسابلانغانلار كۆرەلەيدىغان بولىدۇ، بىراق (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) خۇدانىڭ نۇرىنى قوبۇل قىلغان ئىسرائىللار بولسا، ئاسىيلىق قىلىپ قارىغۇ بولۇپ قالدى.\f* \m \v 20 سەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگىنىڭ بىلەن، \m بىراق نەزىرىڭگە ھېچ ئالمايسەن؛ \m ئۇنىڭ قۇلىقى ئېچىلغىنى بىلەن، \m ئۇ ئاڭلىمايدۇ».\x + \xo 42:20 \xt رىم. 2‏:2-11\x* \m \v 21 پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، \m تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى.\f □ \fr 42:21 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى»\+bd* ــ خۇدا ئىسرائىلغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇقەددەس قانۇن-پەرماننى بەرگەن. شۇڭا ئۇلار بۇتپەرەسلىككە تولغان دۇنيا ئارىسىدا بىردىنبىر خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان خەلق بولۇپ، زور ئىمتىيازغا ئېرىشكەنىدى. خۇدانىڭ مەقسىتى، ئۇلار ئارقىلىق «مېنىڭ قۇلۇم» ھەم «ئۈلگە» سۈپىتىدە، مۇشۇ نۇرىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزمەكچى. بىراق ئىسرائىللار ئۇنىڭ شۇ مەقسىتىنى ھېچ ئەتىۋارلىماي، كۆپ جەھەتتىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن.\f* \m \v 22 بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورا-تۇزاقتا تۇتۇلغان، \m گۈندىخانىلاردا قامىلىپ غايىب بولىدۇ؛ \m ئۇلار غەنىيمەت بولىدۇ، \m ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ؛ \m ئۇلار ئولجا بولىدۇ، \m ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ.\f □ \fr 42:22 \ft \+bd «بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر...ئۇلار ئولجا بولىدۇ، ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ»\+bd* ــ ئەگەر ئىسرائىل خۇدانىڭ سۆزىگە كىرگەن بولسا، نۇرغۇن ئەللەر ئۇلارغا بېقىندى بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىگەندىن كېيىن، ئەھۋالى دەل ئۇنىڭ ئەكسى بولدى.\f* \m \v 23 بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ \m كىم بۇلارنى ئاڭلاپ كەلگۈسى زامانلارغا كۆڭۈل قويسۇن؟\f □ \fr 42:23 \ft \+bd «بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ كىم ... كۆڭۈل قويسۇن؟»\+bd* ــ مۇشۇ گەپكە قارىغاندا، ھەتتا خۇدانىڭ تەربىيىلىك جازاسى بېشىغا چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئاڭلىغۇچى قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزلىرى بارلار يەنىلا ئاز بولسا كېرەك.\f* \m \v 24 ئەمدى كىم ياقۇپنى ئولجا قىلغان؟ \m كىم ئىسرائىلنى بۇلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؟ \m بۇنى قىلغىنى بولسا، بىز گۇناھ قىلىپ كەمسىتكەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ \m چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشنى خالىمايتتى؛ \m ياكى ئۇنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلمايتتى. \m \v 25 شۇڭا ئۇ ئۇلار ئۈستىگە غەزەپ-قەھرىنى، \m ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىنى تۆكۈپ چۈشۈردى؛ \m بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت تۇتاشتۇردى؛ \m بىراق ئۇ تونۇپ يەتمىدى؛ \m بۇلار ئۇنى كۆيدۈردى، بىراق ئۇ ھېچ ساۋاق ئالمىدى. \b \b \m \c 43 \s1 داۋامى \m \v 1 بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، \m ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛ \m سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛ \m سەن مېنىڭكىدۇرسەن! \m \v 2 سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ \m دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ \m سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ \m يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ. \f □ \fr 43:2 \ft \+bd «سۇلاردىن... دەريالاردىن.. ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە...»\+bd* ــ يۇقىرىقى 42-باب، 25-ئايەتتە ئىسرائىلغا تەربىيە بېرىلگەن ئوت تىلغا ئېلىندى. بىراق مۇشۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، خۇدا ئۇلارغا ئەشەددىي قاتتىق تەربىيە (مەسىلەن، ئۇلارنى سۇلاردىن ۋە ئوتلاردىن ئۆتكۈزۈپ) بەرگىنى بىلەن، ئۇ ھامان ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.\f*  \x + \xo 43:2 \xt زەب. 66‏:12\x* \m \v 3 چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، قۇتقۇزغۇچىڭدۇرمەن؛ \m سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، \m ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم.\f □ \fr 43:3 \ft \+bd «سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىر پادىشاھى پىرەۋن قاتتىق قارشى چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل يۇرتى (جۈملىدىن مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى يۇرتلار ئېفىئوپىيە، سېبامۇ) زور زىيان تارتقان.\f* \m \v 4 سەن نەزىرىمدە قىممەتلىك بولغاچقا، \m مەن ساڭا ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرگەن ھەم سېنى سۆيگەن؛ \m شۇڭا مەن يەنە ئورنۇڭغا ئادەملەرنى، \m جېنىڭغا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن؛ \m \v 5 قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛ \m مەن نەسلىڭنى شەرقتىن، \m سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛\x + \xo 43:5 \xt يەش. 44‏:2؛ يەر. 30‏:10؛ 46‏:27\x* \m \v 6 مەن شىمالغا: ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!» \m ۋە جەنۇبقا: ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما! \m ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛ \m \v 7 مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى، \m مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن، \m ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»». \b \m \s1 «سوتتا» ــ خۇدا ۋە بۇتلار ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىڭلار! \m \v 8 ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى، \m يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.\f □ \fr 43:8 \ft \+bd «... «كۆزى بار» قارىغۇ... «قۇلىقى بار» گاسلار»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، خۇدا ئۇلارنى ئۆزىگە گۇۋاھلىق قىلىشقا ئالدىغا كەلتۈرگەن.\f* \m \v 9 ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، \m خەلقلەر جەم بولسۇن! \m ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟ \m يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى \add ئالدىنئالا\add* بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟ \m بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ \m بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن!\f □ \fr 43:9 \ft \+bd «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «(يات) ئەللەر» ھەم «خەلقلەر» بولسا، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلدىن سىرت بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. «يەشايا» دېگەن كىتابتا «ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. \fp مۇشۇ يەردە بارلىق ئەل-يۇرتلار (ئىسرائىلدىن سىرت) بۇتپەرەسلىككە چۆكۈپ كەتتى. خۇدا ئۇلاردىن: «ئاراڭلاردىن: ــ «بىزنىڭ چوقۇنغان بۇتىمىز سېنىڭ «ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىش»ىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىشنى قىلغان» دېگۈچىلەر بارمىدۇ؟ ــ بار بولسا گۇۋاھچىلىق قىلسۇن» ــ دېگەندەك سورايدۇ. ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈچى يوق.\f* \m \v 10 سىلەر \add خەلقىم\add* مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، \m ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم \add مەن ئۈچۈن\add* گۇۋاھچىدۇر، \m شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، \m ماڭا ئىشىنىپ، \m ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: ــ \m «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، \m مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، \m ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛\f □ \fr 43:10 \ft \+bd «سىلەر خەلقىم مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر خەلقىم مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، شۇنداقلا مېنىڭ تاللىغان قۇلۇمسىلەركى،...».\f*  \x + \xo 43:10 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:8؛ 45‏:21؛ ھوش. 13‏:4\x* \m \v 11 مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ \m مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر». \m \v 12 ــ ئاراڭلاردا «يات ئىلاھ» بولمىغان ۋاقىتتا، \m مەن \add مەقسىتىمنى\add* جاكارلىغان، \m مەن قۇتقۇزغان ھەم شۇ ئىشلارنىڭ داڭقىنى چىقارغانمەن؛ \m شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 43:12 \ft \+bd «شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر...»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا: «سىلەرنى مىسىردىن قۇتقۇزىمەن» ــ دېگەن؛ ئۇ شۇنداق قىلغان؛ ئاندىن مۇشۇ ئىشلارنى دۇنياغا ئايان قىلغان. \fp خۇدا ئىسرائىلنى مۇشۇ ئىشلىرىدا ئۆزىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بۇ ئايەتكە قارىغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ گۇۋاھلىق بەرمىگەن.\f* \m \v 13 «بەرھەق، ئەزەلدىن بۇيان مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، \m مېنىڭ قولۇمدىن ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ \m مەن ئىش قىلسام، كىم توسالىسۇن؟ \x + \xo 43:13 \xt يەش. 14‏:27\x* \b \m \s1 خۇدا ئىسرائىلنى بابىلدىن قۇتقۇزىدۇ \m \v 14 ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m سىلەرنى دەپ مەن بابىلنى جازالاتقۇزۇپ، \m ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، \m قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن.\f □ \fr 43:14 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى بابىل شەھىرى پارسلىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى كېمىلىرى بىلەن ئەفرات دەرياسى يولى ئارقىلىق قاچماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 15 مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن. \m \v 16 دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى، \m داۋالغۇغان سۇلاردىن يول ئاچقۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 17 (ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ \m ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ؛ \m ئۇلار ئۆچۈپ قالغان، چىراغ پىلىكىدەك ئۆچۈرۈلگەن)\f □ \fr 43:17 \ft \+bd «دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى ... پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ...)»\+bd* ــ (16-17-ئايەتلەر) مۇسا پەيغەمبەر ياشىغان دەۋرىدە، مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىللارنى «دېڭىزدا ئېچىلغان يول»دا قوغلاپ، دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولۇپ، 16-17-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر بىلەن ۋەيران قىلىنغان. شۇ يول بىلەن خۇدا ئىسرائىلنى قۇتقۇزغان. تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش»، 14-بابنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 18 ــ مۇشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەڭلار، \m قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇقمۇ ئويلانماڭلار؛ \m \v 19 چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛ \m ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛ \m سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟! \m مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن، \m چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن!\x + \xo 43:19 \xt ۋەھ. 21‏:5\x* \m \v 20 دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ \m چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە، \m دالالاردا سۇلارنى، \m چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن. \m \v 21 مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ \m ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ. \f □ \fr 43:21 \ft \+bd «...مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ 14-21-ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىل بابىل ئىمپېرىيەسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن قايتىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا خۇدا ئۇلارنىڭ يولىنى ئاجايىب تەييارلاپ بېرىدۇ ۋە ھەم يولدا موھتاج بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى (مىسىردىن چىقىپ ئازاد بولغان ۋاقىتقا ئوخشاش) مۆجىزىلەر ئارقىلىق تەمىنلەپ بېرىدۇ. \fp ئىسرائىل بابىلدىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) ئازاد بولغان. شۇ چاغدا بابىلنىڭ قاچقۇنلىرى (14-ئايەت) كېمىلىرى بىلەن ئەفرات دەرياسى بىلەن قاچماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بىلىشىمىزچە بۇ ئىشتىن باشقا، شۇ چاغدا بېشارەت قىلىنغان مۇشۇ كارامەت ئىشلار يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزقارىشىمىز شۇكى، ئاخىرقى زاماندا ئىسرائىلنىڭ ئىككىنچى قېتىم بابىلدىن (شۇنداقلا جاھاننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرىدىن) قېچىشى مۇقەررەر بولىدۇ؛ شۇ چاغدا خۇدا ئۇلار ئۈچۈن 14-21-ئايەتلەردە بېشارەت قىلىنغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 43:21 \xt لۇقا 1‏:74،75\x* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ مەنىسىز قۇربانلىقلىرى •••• خۇدانىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتمەكچى بولغان مېھىر-شەپقىتى \m \v 22 بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ، \m ئى ئىسرائىل، ئەكسىچە سەن مەندىن كۆڭلۈڭ يېنىپ ھارسىندىڭ؛\f □ \fr 43:22 \ft \+bd «بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ»\+bd* ــ دېگەن ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچى مەنىسى تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك «نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ» («ئۆزۈمنى» دېگەن سۆز ناھايىتى تەكىتلەنگەن). \fp ئىككىنچى مەنىسى، «سەن مېنىڭ نامىمنى ھېچ چاقىرمىدىڭ» ــ دېمەك، ھېچ دۇئا قىلمىدىڭ. بىزنىڭچە بىرىنچىسى توغرا، ئۇلار كۆپ دۇئا قىلغىنى بىلەن چىن دىلدىن ئەمەس ئىدى. 23-24ئايەتلەرنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 23 سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس، \m «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەن ئەمەسسەن؛ \m مەن «ئاشلىق ھەدىيە»نى قىلىش بىلەن سېنى «قۇللۇق»قا قويماقچى ئەمەسمەن، \m خۇشبۇي يېقىپ سېنى ھارسىندۇرماقچى بولغان ئەمەسمەن!\f □ \fr 43:23 \ft \+bd «سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس...»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھىتىمىزدەك، ئىككىنچى بىرخىل تەرجىمىسى بار: ــ «ماڭا ھېچقانداق قۇربانلىقلار ئېلىپ كەلمىدىڭ» دېگەندەك ئاساسىي مەنىدە بولىدۇ. بىراق «يەشايا» 1-بابقا ئاساسەن، ئۇلار كۆپتىن-كۆپ قۇربانلىقلار قىلىپ تۇراتتى. ئۇلار شۇنداق قىلغىنى بىلەن ھەممىسى بىكار.\f* \m \v 24 سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن، \m سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛ \m ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن، \m ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ.\f □ \fr 43:24 \ft \+bd «سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن...»\+bd* ــ شەرھىمىزچە، مۇشۇ ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ. «پۇل خەجلەپ \+bd ماڭا\+bd* ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن» ــ دېمەك، ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىڭ (كۆپ بولسىمۇ) ماڭا خۇددى ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىگەندەك بىلىنىدۇ؛ مەن ئۇلاردىن ئىنتايىن بىزارمەن، دېگەنلىكتۇر. \+bd «مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن»\+bd* ــ ئەگەردە بىرسى ھېچ توۋا قىلماي، چىن دىلىدىن دۇئا قىلماي تۇرۇپ (ئۆتكەن زامانلاردا) قۇربانلىق قىلسا، مۇشۇنداق ئىش خۇدانىڭ ئالدىدا «جادۇگەرلىك»كە باراۋەر. دېمەك، «مەن پەقەت بىرەر «دىنىي پائالىيەت»لىك ئىش قىلساملا، خۇدا چوقۇم مەندىن رازى بولىدۇ، دۇئالىرىمنى ئاڭلايدۇ» دېگەنلىك خۇدانى ئۆزىگە قۇل قىلىش بىلەن باراۋەردۇر.\f* \m \v 25 مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، \m مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن.\x + \xo 43:25 \xt ئ‍ەز. 36‏:22-38\x* \m \v 26 ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن، \m مۇنازىرە قىلىشايلى، \m ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن!\f □ \fr 43:26 \ft \+bd «مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن»\+bd* ــ دېمەك، ئەگەر سەن «ئۆزۈم پاك، سېنىڭ رەھىمدىللىقلىرىڭغا كېرەك ئەمەسمەن» دەپ قارىساڭ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا گەپ قىل!\f*  \x + \xo 43:26 \xt يەش. 1‏:18\x* \m \v 27 بىرىنچى ئاتاڭ گۇناھ قىلغان؛ \m سېنىڭ شەرھچىلىرىڭ بولسا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.\f □ \fr 43:27 \ft \+bd «بىرىنچى ئاتاڭ...»\+bd* ــ بەلكىم ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ياقۇپتۇر. \+bd «بسېنىڭ شەرھچىلىرىڭ...»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ «شەرھچىلىرى» بولسا بەلكىم تۆۋەندىكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى يېتەكچىلەر»، يەنى كاھىنلار ئىدى. دېمەك، ئۇلار باشتىن-ئاخىرغىچە، ھەتتا ئۆزلىرى تەرىپىدىن «ئالىيجاناب» دەپ ھېسابلانغان روھانىيلارمۇ گۇناھقا پېتىپ كەتكەنىدى.\f* \m \v 28 شۇڭا مەن ئىبادەتخانامدىكى يېتەكلىگۈچىلەرنى ناپاك قىلىمەن، \m ھەمدە ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، \m ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم.\f □ \fr 43:28 \ft \+bd «مەن ئىبادەتخانىدىكى يېتەكچىلەرنى ناپاك قىلىمەن»\+bd* ــ خەلق ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغۇچى بولغان بۇ كاھىنلار ئۆلۈككە تەگسىلا بىر ھەپتە «ناپاك» دەپ ھېسابلىنىپ، قۇربانلىق قىلىشقا سالاھىيەتسىز بولاتتى. شۇڭا، مۇشۇ گەپنىڭ مەنىسى بەلكىم: «سىلەر كۆپ ئۆلۈكلەرگە ئۇچرايسىلەر (دېمەك، بىر بالايىئاپەت چۈشىدۇ)، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مېنى بىزار قىلىدىغان مۇشۇ قۇربانلىقلارنى قىلالمايدىغان بولىدۇ». \+bd «... ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم»\+bd* ــ قارىغاندا، ئىسرائىل ئۈچۈن ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى. بىراق 44-باب، 1-ئايەتنى كۆرۈڭ!\f* \b \b \m \c 44 \s1 داۋامى \m \v 1 بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم، \m ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ \x + \xo 44:1 \xt يەش. 41‏:8؛ 43‏:5؛ يەر. 30‏:10؛ 46‏:27\x* \m \v 2 سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، \m ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما!\f □ \fr 44:2 \ft \+bd «يەشۇرۇن»\+bd* ــ خۇدا ئىسرائىلغا قويغان بىر «لەقەم». مەنىسى «مېنىڭ دۇرۇس بولغۇچىم».\f* \m \v 3 چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، \m قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ \m نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، \m پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛\x + \xo 44:3 \xt يەش. 35‏:7؛ يو. 2‏:28،29؛ يـۇھ. 7‏:38؛ روس. 2‏:18\x* \m \v 4 ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن، \m ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛ \m \v 5 بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ، \m يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛ \m يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ، \m شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ. \f □ \fr 44:5 \ft \+bd «بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ... يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ...»\+bd* ــ ھازىر خۇدانىڭ «سۈكۈت قىلغان» گۇۋاھچىلىرىنىڭ تىلى چىقىپ، گەپ قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 6 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، \m يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ \m مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.\x + \xo 44:6 \xt يەش. 41‏:4؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:8،17؛ 22‏:13\x* \m \v 7 قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟ \m قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن!\f □ \fr 44:7 \ft \+bd «مېنىڭ قەدىمكى خەلقىم»\+bd* ــ خۇدانىڭ خەلقى ئىسرائىلدۇر. \fp خۇدا ئاۋۋال مۇسا پەيغەمبەرگە: «مەن ياقۇپ جەمەتىدىكىلەرنى (يەنى ئىسرائىلنى) مىسىردىن قۇتقۇزىمەن، ئاندىن ئۇلار ماڭا تەۋە بىر خەلق بولىدۇ» ــ دەپ «جاكارلىغان». ئۇ ئىشلەتمەكچى بولغان قۇتقۇزۇش يولىنى ئاۋۋال مۇساغا ئۇقتۇرۇپ «بايان قىلغان»؛ ئاندىن ھەممە بايانلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئۇلارنى يېڭى بىر خەلق بولۇشقا «تىكلەپ بېكىتكەن». \fp بۇنى: «... قەدىمكى خەلقىمنى تىكلىگىنىمدىن تارتىپ...» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار، بىراق بىزنىڭچە يۇقىرىقى تەرجىمىسى ئالدى-كەينىدىكى گەپلەرگە ماس كېلىدۇ. \+bd «قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن!»\+bd* ــ مەبۇدلار ئۇنداق قىلالايدىغان بولسا ئۆزىنىڭ «ئىلاھ» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 8 قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر! \m مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟ \m مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر. \m مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر. \f □ \fr 44:8 \ft \+bd «مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ...».\f*  \x + \xo 44:8 \xt قان. 4‏:35،39؛ 32‏:39؛ 1سام. 2‏:2؛ يەش. 45‏:21\x* \m \v 9 ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ \m ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ \m مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ \m دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر. \m \v 10 كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، \m ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس! \m \v 11 \add مەبۇدنىڭ\add* بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛ \m مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، \m ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ.\f □ \fr 44:11 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ»\+bd* ــ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنىڭ ئىككى مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن: ــ (ئا) ئۇلار پەقەت مۇشۇ مەبۇدنى بىرلىكتە ئوبدان كۆرۈپ باقسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ھېس قىلىپ خۇدادىن قورقۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ (ئە) قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھېسابىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ شۇ چاغدا ئۇلار قورقۇپ شەرمەندە بولىدۇ.\f*  \x + \xo 44:11 \xt زەب. 97‏:7؛ يەش. 1‏:29؛ 42‏:17؛ 45‏:16\x* \m \v 12 مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى \add قولىغا ئېلىپ\add*، \m چوغلار ئۈستىدە \add مۇشۇ نەرسىنى\add* بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ \m ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ \m بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ \m سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ.\x + \xo 44:12 \xt يەر. 10‏:3\x* \m \v 13 ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛ \m ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛ \m ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛ \m ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛ \m ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ. \m \v 14 مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ! \m (ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛ \m ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى). \m \v 15 مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛ \m بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛ \m مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛ \m ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ \m ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ. \m \v 16 دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ \m يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ \m ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ \m بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ \m «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ. \m \v 17 بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ \m بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛ \m ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛ \m ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ \m چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 44:17 \ft \+bd «بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ»\+bd* ــ ئەسلىدە بۇ كىشى بۇتنى ياساش كويىدا ئەمەس ئىدى. تاسادىپىيلىقتىن ياغاچتىن ئېشىپ قالغىنىنى ئىشلىتىپ بۇت ياسايدۇ. ئەڭ غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇ يەشايا تەسۋىرلىگەندەك، ئۆزىنىڭ ئويلىمايلا قىلغان بىر نەرسىسىگە، يەنى «تاسادىپىيلىقتىن» بولغان بىر نەرسىسىگە ئىشىنىدۇ.\f* \m \v 18 بۇ \add كىشىلەر\add* ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، \m ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن.\f □ \fr 44:18 \ft \+bd «بۇ كىشىلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بولسا، ياكى خۇدانىڭ ئۆزى ياكى مۇشۇ بۇتنى كۆرسىتىدۇ. بۇتنى كۆرسەتسە، بۇتنىڭ كەينىدە بىر جىن-شەيتان بار دېمەكچى. بىزنىڭچە مۇشۇ مەنىسى ئېھتىمالغا يېقىن. \fp بەزىلەر دەرۋەقە «بۇتپەرەسلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، يەنىلا تىلتۇمار قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ خۇدانى ھاقارەتلەيدۇ.\f* \m \v 19 ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ \m «ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم، \m يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛ \m مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛ \m قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟ \m مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر. \m \v 20 ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر! \m ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى! \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ، \m ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ.\f □ \fr 44:20 \ft \+bd «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «بىر ساختىلىق» مەبۇدىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 21 مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ، \m ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛ \m مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛ \m سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل، \m سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن! \m \v 22 ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، \m گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ \m مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ \m چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم. \m \v 23 ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! \m ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! \m ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، \m ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! \m چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، \m ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!». \b \m \s1 چوڭ قۇتۇلۇش •••• قورەش پادىشاھنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 24 «سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، \m ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، \m ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛\x + \xo 44:24 \xt ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 42‏:5؛ 45‏:12\x* \m \v 25 (ئۇ بولسا يالغان \add پەيغەمبەرلەرنىڭ\add* بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، \m پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، \m دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، \m ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛ \m \v 26 ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، \m روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، \m يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، \m يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛\f □ \fr 44:26 \ft \+bd «ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى،...»\+bd* ــ «ئۆز قۇلى» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى؛ بولمىسا 42-بابتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى». \+bd «يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى»\+bd* ــ خۇدا مۇشۇ گەپلىرىدە، يەشايا پەيغەمبەر ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋر، يەنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا شەھەرلىرى خارابىلىك بولغان بىر دەۋرگە قاراپ سۆز قىلىدۇ. مۇشۇ يەردە خۇدا يېرۇسالېمغا: «سېنى قايتىدىن قۇرغۇزىمەن» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. شۇ يېڭى دەۋر بولسا يەشايادىن كېيىن 170 يىل ئەتراپىدا بولغان.\f* \m \v 27 چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، \m دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛\f □ \fr 44:27 \ft \+bd «...چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول»، «دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛...»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر خۇدانىڭ «قىزىل دېڭىز»نى ھەم كېيىنرەك ئىئوردان دەرياسىنى قۇرۇتۇپ ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرقى زاماندا بولىدىغان، ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 28 ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، \m يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، \m ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ \f □ \fr 44:28 \ft \+bd «قورەش توغرىسىدا:...»\+bd* ــ ئاخىرىدا، يەشايا پەيغەمبەر يۇقىرىقى 41-باب، 1-7-ئايەتتە دېيىلگەن «تاجاۋۇزچى»نىڭ ئىسمىنىڭ «قورەش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، قورەش پادىشاھ پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-529-يىللىرىدا تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ يەشايانىڭ دەۋرىدىن تەخمىنەن 150 يىل كېيىن ياشىغان. \+bd «ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەت بويىچە قورەش پادىشاھ بابىل ئىمپېرىيەسى ۋەيران قىلغان يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ. قورەش بابىل شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشى شۇكى، ئۇ بابىلدىكى بارلىق سۈرگۈن بولغانلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت بەرگەن. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان شۇكى، ئۇ ئىسرائىللارغا ئىبادەتخانىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ، ھەتتا ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پۇل بەرگەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 536-يىلى). تەۋراتتىكى «ئەزرا» 1- ھەم 6-بابنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 45 \s1 داۋامى \m \v 1 پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا، \m يەنى ئەللەرنى ئۇنىڭغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ \m (بەرھەق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ تامبىلىنى يەشتۈرۈپ يالىڭاچلىتىمەن، \m «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن قوۋۇقلار ئىككىنچى ئېتىلمەيدۇ) ــ \f □ \fr 45:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا .... ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ»\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» (ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») ــ خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا كاھىن ياكى پەيغەمبەر تەرىپىدىن زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دېيىلەتتى؛ شۇ چاغدىن باشلاپ شۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ ئاتالغۇنى قورەشكە قارىتا ئىشلەتكەندە خۇدا ئىسرائىللارغا: «ئۇ مەن سىلەر ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھ بولىدۇ» دەيدۇ. بىراق يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكىلەردىن كۆپ ئادەم: «قورەش يەھۇدىيلاردىن بولمايدۇ؛ شۇڭا ئۇ كەلگۈسىدە بىزنى بابىلدىن قۇتقۇزۇپ قويۇۋەتسىمۇ، بىز يەنىلا مەلۇم بىر ئىمپېرىيەگە بېقىندى بولىۋېرىمىز» دەپ، مۇشۇ بېشارەتنى قەتئىي قوبۇل قىلمايتتى. ئۇلار يەنە: «خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىچە \+bd داۋۇت پادىشاھنىڭ\+bd* بىر ئەۋلادى ئارقىلىق بىزنى قۇتقۇزۇشى كېرەك» ۋە «خۇدا بىزنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل قىلىشى كېرەك» دېيىشى مۇمكىن. خۇدا دەرۋەقە ئۇلارغا شۇنداق ۋەدە بەرگەنىدى (مەسىلەن 7-، 9-، 32-بابلاردا) بىراق ئۇ ئاۋۋال قورەش ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى بابىلدىن قۇتقۇزماقچى بولسا، مۇشۇ پىلانىدىن گۇمانلىنىش ياكى نارازى بولۇش ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانغا باراۋەر. \fp تۆۋەندىكى (9-13-ئايەت) سېغىز لاينىڭ ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىسىگە «سەن مەندىن نېمە ياسايسەن؟!» دېگىنى دەل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىدۇر. \+bd «مەن ... «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن»\+bd* ــ قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بابىل شەھىرىنىڭ داڭقى چىققان بىر «قوش قاناتلىق دەرۋازا»سى بار ئىدى. بابىل يىقىتىلغاندا، بۇ قوش قاناتلىق دەۋرازا قورەشكە ئېچىلدى.\f* \m \v 2 «مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ ئېگىزلىكلەرنى تۈز قىلىمەن؛ \m مىس دەرۋازىلارنى چېقىپ تاشلايمەن، \m تۆمۈر تاقاقلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن؛ \m \v 3 ۋە ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى، \m مەخپىي جايلاردا ساقلانغان يوشۇرۇن بايلىقلارنى بېرىمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، \m يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن.\f □ \fr 45:3 \ft \+bd «مەن... ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى،... بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن»\+bd* ــ دەرۋەقە، قورەشنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىماي ناھايىتى راۋان، ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. بېشارەتتە مۇشۇ ئىشلار (قورەش ئۆزى بىلمىگەن ھالدا) خۇدانىڭ يوشۇرۇن ياردىمىدە قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ. \fp قورەش ئۆزى توغرۇلۇق مۇشۇ بېشارەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىي خۇدا، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 4 مەن ئۆز قۇلۇم ياقۇپ، \m يەنى ئۆز تاللىغىنىم ئىسرائىل ئۈچۈن، \m ئىسمىڭنى ئۆزۈم قويغان؛ \m سەن مېنى بىلمىگىنىڭ بىلەن، مەن يەنىلا ساڭا ئىسىم قويدۇم. \m \v 5 مەن بولسام پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا بىرى يوق؛ \m مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر؛ \m سەن مېنى تونۇمىغىنىڭ بىلەن، مەن بېلىڭنى باغلاپ چىڭىتتىمكى،\x + \xo 45:5 \xt قان. 4‏:35،39؛ 32‏:39؛ يەش. 44‏:8\x* \m \v 6 كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ \m مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر. \m \v 7 نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، \m بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ \m مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». \m \v 8 ــ «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، \m بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ \m يەر-زېمىن ئېچىلسۇن؛ \m نىجات ھەم ھەققانىيلىق مېۋە بەرسۇن؛ \m زېمىن ئىككىسىنى تەڭ ئۆستۈرسۇن! \m مەن، پەرۋەردىگار، بۇنى ياراتماي قويمايمەن». \f □ \fr 45:8 \ft \+bd «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم ئىسرائىل ۋە دۇنيانىڭ (قورەش قىلغان ئىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە) خۇداغا ئىشىنىپ، ياخشى مېۋە بېرىش ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى بولۇشى كېرەك.\f* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ خۇدانىڭ قورەش ئارقىلىق قىلغانلىرىدىن نارازى بولۇپ گۇمانلىنىشلىرىغا خۇدانىڭ بەرگەن جاۋابى \m \v 9 ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي! \m ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس! \m سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ \m «سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە، \m ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟\x + \xo 45:9 \xt يەر. 18‏:6؛ رىم. 9‏:20\x* \m \v 10 ئۆز ئاتىسىغا: «سەن نېمە تۇغدۇرماقچى؟» \m ياكى بىر ئايالغا: ــ «سېنى نېمىنىڭ تولغىقى تۇتتى؟» ــ دەپ سورىغانغا ۋاي! \m \v 11 ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، يەنى ئۇنى ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ئەمدى كەلگۈسى ئىشلار توغرۇلۇق سورىماقچىمۇسىلەر يەنە؟ \m ئۆز ئوغۇللىرىم توغرۇلۇق، ئۆز قولۇمدا ئىشلىگىنىم توغرۇلۇق ماڭا بۇيرۇق بەرمەكچىمۇسىلەر!؟ \m \v 12 مەن پەقەتلا يەر-زېمىننى ياسىغان، ئۇنىڭغا ئىنساننى ياراتقۇچىدۇرمەن، خالاس! \m ئۆز قولۇم بولسا ئاسمانلارنى كەرگەن؛ \m ئۇلارنىڭ ساماۋى قوشۇنلىرىنىمۇ سەپكە سالغانمەن. \m \v 13 مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، \m ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم؛ \m ئۇ بولسا شەھىرىمنى قۇرىدۇ، \m نە ھەق نە ئىنئام سورىماي ئۇ ماڭا تەۋە بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ» ــ \m دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 45:13 \ft \+bd «مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇنى»، «ئۇنىڭ»، «ئۇ» بولسا قورەش، ئەلۋەتتە. بېشارەت ئۇنىڭ ھېچ نېمىنى سورىمايلا بابىلدا سۈرگۈن بولغان يەھۇدىي خەلقنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ.\f*  \x + \xo 45:13 \xt 2تار. 36‏:22؛ ئەزرا 1‏:1؛ يەش. 44‏:28؛ ئىبر. 11‏:10\x* \m \v 14 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سېبائىيلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆزلىرى سېنىڭكى بولىدۇ، \m ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ \m ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ، \m ئۇلار ساڭا باش ئۇرۇپ سەندىن ئىلتىجا بىلەن ئۆتۈنۈپ: ــ \m «بەرھەق، تەڭرى سەندە تۇرىدۇ، باشقا بىرى يوق، باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.\f □ \fr 45:14 \ft \+bd «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سابىيلىقلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار ...ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئايەتلەرگە قارىغاندا مۇشۇ ۋەقە قورەشنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى بىر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. ئېفىئوپىيە ۋە سابىيا ئەسلىدە مىسىرغا بېقىنغان بولۇپ، شۈبھىسىزكى، يەشايا يەنە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن ۋەقەنى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، ئىسرائىلنى سۈرگۈن قىلغانلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلغا بېقىندى بولماقچى بولىدۇ. \fp بەزى شەرھچىلەر، مۇشۇ بېشارەتنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆز قۇتقۇزغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنىڭ «قالدىسى»ى بولغان ھەقىقىي جامائىتىگە قوشۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر كۆزقاراش بولسا، مۇشۇ ئىشلار ئاخىرقى زاماندا يەھۇدىيلار خۇدانىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ. بىزنىڭچە ھەر ئىككىسىنىڭ توغرىلىقى بار.\f* \m \v 15 «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!».\f □ \fr 45:15 \ft \+bd «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم ئىسرائىللارنىڭ خۇدانىڭ سىرلىق يوللىرىغا، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ ئۆزلىرىگە بېقىنغانلىقىغا قاراپ ھەيران قېلىپ دېگەن گېپىدۇر.\f* \m \v 16 ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ \m مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛\x + \xo 45:16 \xt يەش. 44‏:11\x* \m \v 17 ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ؛ \m ئەبەدىلئەبەدگىچە خىجىل بولمايسىلەر، \m ھېچ شەرمەندىچىلىكنى كۆرمەيسىلەر.\f □ \fr 45:17 \ft \+bd «ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ....»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرگە (16-17-ئايەتلەرگە) قارىغاندا، كىشىلەر كەلگۈسىدە مۇتلەق ئىككى خىلغا، يەنى خۇداغا تايىنىپ ئىتائەت قىلىدىغانلارغا ۋە بۇتلارغا باش ئۇرىدىغانلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.\f* \m \v 18 چۈنكى ئاسمانلارنى ياراتقان، يەر-زېمىننى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان، ئۇنى مەزمۇت قىلغان خۇدا بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m (ئۇ ئۇنى قۇرۇق-مەنىسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئادەمزاتنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشقا ياراتقانىدى) \m «مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر؛\x + \xo 45:18 \xt يەش. 42‏:5؛ 45‏:5،14\x* \m \v 19 ــ مەن مەخپىي ھالدا ياكى زېمىندىكى بىرەر قاراڭغۇ جايدا سۆز قىلغان ئەمەسمەن؛ \m مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ \m مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، \m تۈز گەپ قىلىمەن؛\f □ \fr 45:19 \ft \+bd «مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقنى سۆزلەيمەن». \+bd «مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، تۈز گەپ قىلىمەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەت بەلكىم 15-ئايەتتىكى «ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى خۇدادۇرسەن» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقان سىلىق بىر تەنبىھ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كۆرگىنىمىزدەك، خۇدا ئاللىبۇرۇن (بولۇپمۇ يەشايا ئارقىلىق) ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇش-نىجاتلىقىنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى ئارقىلىق» پۈتكۈل دۇنياغا سۇنماقچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتقان!\f*  \x + \xo 45:19 \xt قان. 30‏:11\x* \m \v 20 يىغىلىڭلار، كېلىڭلار؛ \m ئى ئەللەردىن قاچقانلار، جەم بولۇپ ماڭا يېقىنلىشىڭلار؛ \m ئۆزى ئويغان بۇتنى كۆتۈرۈپ، ھېچ قۇتقۇزالمايدىغان بىر «ئىلاھ»قا دۇئا قىلىپ يۈرىدىغانلارنىڭ بولسا ھېچ بىلىمى يوقتۇر.\f □ \fr 45:20 \ft \+bd «ئەللەردىن قاچقانلار»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ نېمىشقا ياكى نېمىدىن قاچقانلىقى مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. بىراق 24-ئايەتكە قارىغاندا، ئىنسانىيەت (ئاخىرقى زاماندا) ئىككى قىسىمغا، يەنى خۇداغا تايانغانلار ھەم خۇداغا ئۆچ بولغانلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇداغا ئۆچ بولغانلار خۇدانى سۆيگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭدىن سىرت خۇداغا ئىشەنگەنلەر: «خۇدانىڭ جازاسى خۇداسىزلارنىڭ بېشىغا چۈشەي دەپ قالدى» ــ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قېچىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايدىغان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 45:20 \xt يەش. 44‏:18،19\x* \m \v 21 ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ \m مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! \m كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ \m كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ \m ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ \m دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ \m ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ \m مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر.\f □ \fr 45:21 \ft \+bd «كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟»\+bd* ــ «مۇشۇ ئىش» شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشى بىلەن، ئۇ «يەھۇدىي ئەمەس»لەرگە قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىنى، شۇنداقلا ئىسرائىل بىلەن بىللە بەختلىك بولۇش ئىمكانىيىتىنى تەڭ يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (22-24-ئايەت).\f*  \x + \xo 45:21 \xt يەش. 41‏:22،26،27؛ 43‏:9،10؛ 45‏:5،14،18\x* \m \v 22 ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، \m ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! \m چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛ \m \v 23 مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەن، \m مۇشۇ سۆز ھەققانىيلىق بىلەن ئاغزىمدىن چىقتى، ھەرگىز قايتمايدۇ: ــ \m «ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، \m بارلىق تىللار ماڭا \add ئىتائەت ئىچىدە\add* قەسەم ئىچىدۇ».\x + \xo 45:23 \xt رىم. 4‏:11؛ فىل. 2‏:10\x* \m \v 24 شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، \m كىشىلەر دەل ئۇنىڭلا قېشىغا كېلىدۇ؛ \m غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ.\f □ \fr 45:24 \ft \+bd «شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، ... غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ»\+bd* ــ يەنە كۆرىمىزكى، دۇنيا ئىككى بۆلۈمگە ئايرىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىرى بولسا، غالجىرلىشىپ خۇداغا مۇتلەق قارشى تۇرىدىغانلار؛ ئىككىنچىسى، ئىسرائىل، جۈملىدىن ئۆزلىرىگە بېقىنىپ، ئۇلار بىلەن بىر بولغان، ئىسرائىل بىلەن بىللە قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەر بولىدۇ.\f*  \x + \xo 45:24 \xt يەش. 41‏:11\x* \m \v 25 ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەققانىي قىلىنىدۇ، \m ۋە ئۇلار ئۇنى داڭلىشىدۇ. \b \b \m \c 46 \s1 بابىلدىكى بۇتلارنىڭ ئاقىۋىتى ــ ئۇلاغلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ كېتىدۇ •••• خۇدا بولسا ئۆز خەلقىنى كۆتۈرىدۇ! \m \v 1 بەل بولسا تىز پۈكتى، نېبو ئېڭىشىۋاتىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى؛ \m سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئەمدى ئۇلاغلارغا ئارتىلغان بولۇپ، \m ھالسىز ئۇلاغلارغا ئېغىر يۈك بولىدۇ!\f □ \fr 46:1 \ft \+bd «بەل»\+bd* ــ بابىلنىڭ «باش بۇت»ى، «نېبو» ئۇنىڭ «ئوغلى» ئىدى. مۇشۇ بېشارەتتە يەشايا پەيغەمبەر بابىل شەھىرى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشكەندە، خەقلەر بۇتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا بىر يۇرتقا يۆتكىمەكچى بولغانلىقىنى ئالدىن ئالا كۆرىدۇ. شۇ جەرياندا بۇتلارنى يەرگە قويۇش كېرەك بولغاچقا، پەيغەمبەر «بەلنىڭ تىز پۈككەنلىكىنى، نېبونىڭ ئېڭىشىۋاتقانلىقى»نى كۆرۈپ مازاق قىلىدۇ. \+bd «ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى...»\+bd* ــ بۇتلار ئۇلاغنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندەك قىلىدۇ. \+bd «سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار»\+bd* ــ بابىلدىكى دىنىي مۇراسىملاردا، پۇقرالارنىڭ بۇتلارنى كۆتۈرۈپ كوچىلارنى ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەسلىدە بابىللىقلار ھۆرمەت بىلەن «كۆتۈرگەن نەرسىلەر» ھازىر ئاددىي بوغچىلاردەك ئۇلاغلارغا ئارتىلدى.\f* \m \v 2 ئۇلار ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ \m ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ، \m بەلكى ئۆزلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ.\f □ \fr 46:2 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى بابىللىقلار ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرى\+bdit* ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ،...» ــ دېمەك، بۇتلار ئادەم ياكى ئۇلاغلارغا يۈك بولغان ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايلا قالماي، بەلكى ئۇلاغلارنىمۇ ھالسىزلاندۇرىدۇ.\f* \m \v 3 ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، \m شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، \m ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، \m بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، \m ــ ماڭا قۇلاق سېلىڭلار!\f □ \fr 46:3 \ft \+bd «ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ... ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر...»\+bd* ــ ھەقىقىي خۇدا ئادەمنىڭ كۆتۈرۈشىگە موھتاج ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىپ ئۇلارنى كۆتۈرىدۇ.\f* \m \v 4 سىلەر قېرىغۇچىمۇ مەن يەنىلا شۇنداقتۇرمەن، \m چېچىڭلار ئاقارغۇچىمۇ مەن سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن؛ \m سىلەرنى ياسىغان مەندۇرمەن، سىلەرنى كۆتۈرىمەن؛ \m سىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزىمەن. \m \v 5 ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچى، \m ياكى كىمنى ماڭا تەڭ قىلماقچىسىلەر؟ \m ئۇنى ماڭا ئوخشاش دەپ، \m سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرماقچىسىلەر؟\x + \xo 46:5 \xt يەش. 40‏:18، 25\x* \m \v 6 ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، \m كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، \m بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، \m ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ \m ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ! \m \v 7 ئۇلار ئۇنى مۈرىسىگە ئارتىدۇ، \m ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئورنىغا قويىدۇ؛ \m ئاندىن ئۇ ئاشۇ يەردە ئۆرە تۇرىدۇ؛ \m ئۇ ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ؛ \m بىرسى ئۇنىڭغا يېلىنىپ تىلەيدۇ، \m لېكىن ئۇ جاۋاب بەرمەيدۇ؛ \m ئۇ كىشىنى ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتقۇزمايدۇ.\x + \xo 46:7 \xt يەش. 45‏:20\x* \m \v 8 مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ \m شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ئەركەكلەردەك كۆرسىتىڭلار؛ \m ئى، ئىتائەتسىزلەر، \m بۇنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ \m \v 9 ئىلگىرىكى ئىشلارنى، يەنى قەدىمدىن بولغان ئىشلارنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ \m چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا بىرى يوقتۇر؛ \m مەن خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشاشلار يوقتۇر؛\x + \xo 46:9 \xt يەش. 45‏:5، 14، 18، 21، 22؛ 48‏:12\x* \m \v 10 مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، \m كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، \m ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، \m ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛\x + \xo 46:10 \xt زەب. 33‏:11؛ پەند. 19‏:21؛ 21‏:30؛ ئىبر. 6‏:17\x* \m \v 11 كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى، \m يەنى كۆڭلۈمگە پۈككىنىمنى ئادا قىلغۇچى بىر ئادەمنى يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن. \m بەرھەق، مەن سۆز قىلغان، \m بەرھەق، مەن ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن؛ \m بۇنى نىيەت قىلغانمەن، \m بەرھەق، مەن ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن.\f □ \fr 46:11 \ft \+bd «كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى ...يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن...»\+bd* ــ «يىرتقۇچ بىر قۇش» قورەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئەشەددىيلىكىنى خۇدا ئىسرائىلدىن يوشۇرمايدۇ.\f* \m \v 12 ئى ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار، \m ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ \f □ \fr 46:12 \ft \+bd «ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار»\+bd* ــ خۇدا يۇقىرىدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق 2:41-3، 25؛ 24:44-11:45دە ئىسرائىللارنى بابىلدىن كەلگۈسىدىكى «قورەش» دېگەن بىر پادىشاھ ئارقىلىق قۇتقۇزىمەن، دەپ جاكارلىقان. «جاھىللار» بولسا خۇدانىڭ بۇ «قورەش پىلان»ىنى ياقتۇرمايدىغان ئىسرائىللارنى كۆرسەتسە كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقى بولسا قورەش يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى پارس بولغانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ.\f* \m \v 13 مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، \m ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ \m شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ \m مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ، \m ئىسرائىلغا جۇلالىق-گۈزەللىكىمنى تىكلەپ بېرىمەن». \f □ \fr 46:13 \ft \+bd «مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ... بېرىمەن»\+bd* ــ خۇدا يەنىلا مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، ھەتتا «جاھىللار»غىمۇ قورەشنىڭ ئىشلىرى ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشىشتىكى پۇرسەتنى كەلتۈرىمەن، دەيدۇ.\f* \b \b \m \c 47 \s1 ئىسرائىلنى سۈرگۈن قىلغان بابىل تۈگەشتى! \m \v 1 «ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ \m ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر! \m چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن.\x + \xo 47:1 \xt يەش. 26‏:5\x* \m \v 2 «تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، \m چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، \m كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، \m پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، \m دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛ \f □ \fr 47:2 \ft \+bd «تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، ...»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، مۇشۇ ئىشلار ئەسىرگە چۈشۈشتىكى ئالامەتلەر. ھەم بابىللىقلار، ھەم پارسلار ئۆز ئەسىرلىرىگە رەھىمسىزلىك قىلىپ ئۇلارنى يالىڭاچ مېڭىشقا مەجبۇرلايتتى.\f* \m \v 3 ئۇياتلىقىڭ ئېچىلىدۇ؛ \m بەرھەق، نومۇسۇڭغا تېگىلىدۇ؛ \m مەن ئىنتىقام ئالىمەن، \m ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن. \x + \xo 47:3 \xt يەش. 3‏:17؛ ناھ. 3‏:5\x* \m \v 4 بىزنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بولسا، \m «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامى؛ \m ئۇ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدۇر.\f □ \fr 47:4 \ft \+bd «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»\+bd* ــ كونا ئىسرائىلدا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» (گوئېل)نىڭ يەنە قىلىدىغان بىر ئىشى ئۆزىنىڭ ئۇۋال بولغان جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى يۈرگۈزۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرسى قاتىللىق قەستىگە ئۇچرىغان بولسا، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى ھەم ۋەزىپىسى بار ئىدى.\f* \m \v 5 ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، سۈكۈت قېلىپ جىم ئولتۇر، \m قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت؛ \m چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى «سەلتەنەتلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالمايسەن.\f □ \fr 47:5 \ft \+bd «قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت»\+bd* ــ «قاراڭغۇلۇق» بەلكىم زىنداندىكى قاراڭغۇلۇقنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 6 مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، \m شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ \m سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ \m ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛\f □ \fr 47:6 \ft \+bd «ئۆزۈمنىڭ مىراسىم»\+bd* ــ خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئۆزى ئۈچۈن مىراس دەپ ھېسابلايدۇ.\f* \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن سەن: ــ \m «مەن مەڭگۈگە خانىش بولىمەن» دەپ، \m مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ؛ \m ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلاپ باقمىدىڭسەن.\x + \xo 47:7 \xt ۋەھ. 18‏:7\x* \m \v 8 ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، \m ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر، \m مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى، \m ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن، \m شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ \f □ \fr 47:8 \ft \+bd «ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر.. دېگۈچى، ... شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ»\+bd* ــ خۇدا ئۆز خەلقىگە «تەربىيە جازاسى»نى بەرمەكچى بولۇپ، ئۇلارنى بابىلنىڭ رەھىمسىز قولىغا تاپشۇرۇشى بىلەن، بابىللىقلارمۇ ئۆز رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن جازاغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. \fp بابىلنىڭ: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگىنى، باشقىلارغا پۈتۈنلەي «پەرۋايىم پەلەك» دېگەنلىك ھەم «مەن ئالەمدە يەككە-يېگانە» دېگەن تەكەببۇرلۇقتۇر.\f* \m \v 9 «دەل مۇشۇ ئىككى ئىش، \m ــ بالىلاردىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۇللۇق ــ \m بىر دەقىقىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا بېشىڭغا تەڭ چۈشىدۇ؛ \m نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن، \m بەك كۆپ ئەپسۇنلىرىڭ ئۈچۈن ئۇلار تولۇق بېشىڭغا كېلىدۇ.\x + \xo 47:9 \xt يەش. 51‏:19\x* \m \v 10 چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن، \m سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛ \m سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، \m سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ.\f □ \fr 47:10 \ft \+bd «سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ»\+bd* ــ يۇقىرىقى (8-ئايەتتىكى) «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن، باشقىلارغا «پەرۋايىم پەلەك» دېگەنلىك. مۇشۇ يەردە بولسا «خۇداغىمۇ پەرۋايىم پەلەك» دېگەنلىك.\f* \m \v 11 بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛ \m سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛ \m ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ \m سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛ \m سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ. \m \v 12 ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، \m شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ \m كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ \m بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟! \m \v 13 سەن ئالغان مەسلىھەتلىرىڭ بىلەن ھالسىزلىنىپ كەتتىڭ؛ \m ئەمدى ئاسمانلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلەر، \m يۇلتۇزلارغا قاراپ پالچىلىق قىلغۇچىلار، \m يېڭى ئايلارنى كۆزىتىپ مۇنەججىملىك قىلىپ ئىشلارنى «ئالدىنئالا ئېيتقۇچىلار» ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ بېشىڭغا چۈشىدىغانلاردىن سېنى قۇتقۇزسۇن! \m \v 14 مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ \m ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ \m بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر، \m ياكى ئادەم ئىسسىنغۇدەك ھېچ گۈلخان يوقتۇر!\f □ \fr 47:14 \ft \+bd «مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر... يوقتۇر!»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم، ھەقىقىي خۇدانىڭ غەزىپى كۈچلۈك ھەم ئوتلۇق؛ ئاتالمىش «بۇتلارنىڭ غەزىپى»نىڭ بولسا، ئادەمنى ئىسسىتقۇدەكمۇ ئوتى يوق؛ باشقا مەنىسى بار دېيىلسە: ــ مۇشۇ پالچىلار ھېچنېمىگە يارىمايدۇكى، ھەتتا (خۇدانىڭ جازاسى بىلەن) كۆيدۈرۈلگەن ۋاقىتتىمۇ ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھارارىتى بولمايدۇ.\f* \m \v 15 سېنى ئاۋارە قىلغان، \m ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ \m ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ؛ \m سېنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم يوقتۇر. \f □ \fr 47:15 \ft \+bd «سېنى ئاۋارە قىلغان، ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ...»\+bd* ــ بابىلدا پال سېلىش، سېھىرگەرلىك قاتارلىق خۇراپىيلىقلار بەلكىم «ئەڭ چوڭ سودا» بولۇشى مۇمكىن. بىراق بېشارەت بويىچە پالچىلار خېرىدارلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ باشقا يۇرتلارغا يول ئالماقچى بولىدۇ. \fp ئارخېئولوگلار كونا بابىل شەھىرىدىن قازغان ئاسارئەتىقىلەر ئىچىدىن نۇرغۇن «پالنامىلەر» ھەم «رەممالنامىلەر» تېپىلدى. بىراق بۇلاردىن ھېچقايسىسىدىن «بابىل ۋەيران بولىدۇ» دېگەن بېشارەتنى تاپقىلى بولمايدۇ؛ ھەممىسى «كېلەچىكىڭ پارلاق» دېگەندەك سۆزلەردۇر (ئەمەلىيەتتە بارلىق پالچىلىق شۇنداق ئەمەسمۇ؟!).\f*  \x + \xo 47:15 \xt ۋەھ. 17‏:16\x* \b \b \m \c 48 \s1 ئىسرائىلنىڭ جاھىللىقى: ــ ئۇلار بابىلدىن قۇتقۇزۇلغىنى بىلەن، گۇناھلىرىدىن ساقىت بولمايدۇ \m \v 1 ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار، \m «يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر، \m ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر، \m بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس! \m مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ \m \v 2 (چۈنكى ئۇلار «مۇقەددەس شەھەر»نىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىدۇ، \m تېخى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا «تايىنار»مىش! \m ئۇنىڭ نامى بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردۇر!) \m \v 3 مەن بۇرۇنلا «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بايان قىلدىم؛ \m ئۇلار ئۆز ئاغزىمدىن چىققان، مەن ئۇلارنى ئاڭلاتتىم؛ \m مەن بۇلارنى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، \m ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛\f □ \fr 48:3 \ft \+bd «ئىلگىرىكى ئىشلار»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىلگىرىكى ئىشلار» شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ «قورەش پىلانى»دۇر (12:46دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). مۇشۇنى جەزمەنلەشتۇرۇش ئۈچۈن يەشايا «قوشۇمچە سۆز»دىكى 4-مىسال (48-بابنىڭ ئالاھىدە شەكلى توغرىسىدا) دېگەن گرافىنى كۆرۈڭ. \fp ئاشۇ گرافىغا قارىغاندا، 48-باب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قىسىمدىكى «ئىلگىرىكى ئىشلار» دەل «قورەش پىلانى»غا باراۋەر كېلىدۇ؛ 6-ئايەتتىكى «يېڭى ئىشلار» بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ ئىشلىرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ تەھلىل قىلىنىش 42-بابتىكىگە ئوخشاش.\f*  \fig «ئىلگىرىكى ئىشلار» ۋە «يېڭى ئىشلار»|src="img-ar-isaiah-graphic4.jpg" size="span" ref="«يەش.» 3:48" \fig* \m \v 4 چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر، \m يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛\f □ \fr 48:4 \ft \+bd «يۈزۈڭنىڭ داپ ئىكەنلىكىنى...»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «پېشانەڭنىڭ مىستىن ئىكەنلىكىنى...».\f* \m \v 5 سېنىڭ: «مېنىڭ بۇتۇم مۇشۇلارنى قىلدى»، \m ياكى «ئويما مەبۇدۇم، قۇيما مەبۇدۇم بۇلارنى بۇيرۇدى» ــ دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، \m شۇڭا مەن بالدۇر مۇشۇلارنى ساڭا بايان قىلدىم؛ \m ئىش يۈز بەرگۈچە ئۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ تۇردۇم. \m \v 6 سەن بۇلارنى ئاڭلىغانسەن؛ \m ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باق! \m بۇنى راست دەپ ئېتىراپ قىلمامسىلەر؟ \m مەن باياتىن «يېڭى ئىشلار»نى، يەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم، \m سەن بۇلارنى بىلگەن ئەمەسسەن.\f □ \fr 48:6 \ft \+bd ««يېڭى ئىشلار»نىەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم،...»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا دېگىنىمىزدەك، «يېڭى ئىشلار»نى دەل «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق خۇش خەۋەر دەپ بىلىمىز (42-بابنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 7 سېنىڭ: «دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇلاردىن بالدۇر خەۋىرىم بار ئىدى» دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، \m ئۇلار بۇرۇن ئەمەس، ھازىرلا يارىتىلىدۇ؛ \m مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى سەن ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانسەن. \m \v 8 بەرھەق، سەن قۇلاق سالمىدىڭ، \m بەرھەق، سەن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ، \m بەرھەق، سېنىڭ قۇلىقىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېچىلماي ئېتىكلىك قالدى؛ \m چۈنكى مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدىغانلىقىڭنى، \m بالىياتقۇدىكى چېغىڭدىن تارتىپ «ئاسىي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىڭنى بىلدىم. \m \v 9 ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن، \m شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛\x + \xo 48:9 \xt يەش. 43‏:21، 25\x* \m \v 10 قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم، \m بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛ \m مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛\f □ \fr 48:10 \ft \+bd «كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم»\+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىل كۈمۈشنىڭ بارلىق داشقىلىنى ئايرىۋالغۇچە تاۋلانغاندەك تاۋلانسا، بەلكىم ھېچنەرسە قالمايتتى! (1-باب، 22، 25-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). \+bd «ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا»\+bd* ــ بەلكىم بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇلارغا قارىتا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 11 ئۆز سەۋەبىمدىن، ئۆز سەۋەبىمدىن مەن مۇشۇنى قىلىمەن؛ \m مېنىڭ نامىمغا داغ تەگسە قانداق بولىدۇ؟ \m مەن ئۆزۈمنىڭ شان-شۆھرىتىمنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن.\x + \xo 48:11 \xt يەش. 42‏:8\x* \m \v 12 ئى ياقۇپ، \m ئى چاقىرغىنىم ئىسرائىل! \m ماڭا قۇلاق سالغىن؛ \m مەن «ئۇ»دۇرمەن؛ \m مەن تۇنجىدۇرمەن، بەرھەق ھەم ئاخىرقىدۇرمەن؛\x + \xo 48:12 \xt يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ ۋەھ. 1‏:17؛ 22‏:13\x* \m \v 13 مېنىڭ قولۇم يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان، \m ئوڭ قولۇم ئاسمانلارنى كەرگەن؛ \m مەن ئۇلارنى چاقىرساملا، ئۇلار جەم بولۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. \m \v 14 ھەممىڭلار، جەم بولۇپ يىغىلىڭلار، ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ \m \add بۇتلار\add* ئارىسىدا قايسىسى مۇشۇنداق ئىشلارنى بايان قىلغان؟ \m پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بابىلدا ئادا قىلىدۇ، \m ئۇنىڭ بىلەك-قولى كالدىيلەرنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن چۈشىدۇ؛\f □ \fr 48:14 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە قورەشنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 48:14 \xt يەش. 41‏:23،22\x* \m \v 15 مەن، مەن سۆز قىلغانمەن؛ \m دەرھەقىقەت، مەن ئۇنى چاقىردىم؛ \m مەن ئۇنى ئالدىغا چىقىرىۋالدىم؛ \m ئۇنىڭ يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. \b \m \v 16 ــ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ \m مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ \m \add سۆزۈم\add* ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن؛ \m ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى!\f □ \fr 48:16 \ft \+bd «ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن»\+bd* ــ دېمەك، سۆزلىگۈچى خۇدانىڭ «جاكارچىسى» ھەم ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى بەجا كەلتۈرگۈچىدۇر. كېيىنكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەگەر ۋاقىت دېگەن نەرسىنى بار دېسەڭ، مانا مەن ئۆزۈمدۇرمەن». \fp \+bd «ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى!»\+bd* ــ سۆزلىگۈچى يەنە «ئەزەلدىن تارتىپ خۇدا بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى يەر يۈزىدىكىلەرگە يەتكۈزگۈچى» بولۇپ، ئاخىردا خۇدا ھەم خۇدانىڭ روھى تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ ئۆزى مۇشۇ دۇنياغا كېلىدۇ (6-باب، 8-ئايەتنى كۆرۈڭ). تۆۋەندىكى 49-بابتا مۇشۇ زات، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردا كۆپرەك ئاشكارىلىنىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار مېنى ئۇنىڭ روھى بىلەن ئەۋەتكەن!».\f*  \x + \xo 48:16 \xt پەند. 8‏:1-5؛ زەك. 2‏:9؛ 6‏:15؛ 10‏:12؛ يـۇھ. 11‏:42؛ 17‏:21\x* \m \v 17 ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى، \m ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ \m \v 18 سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! \m ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، \m ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى!\x + \xo 48:18 \xt قان. 32‏:29؛ زەب. 81‏:13-16\x* \m \v 19 سېنىڭ نەسلىڭ بولسا ئۇنىڭ قۇملىرىدەك، \m ئىچ-قارنىڭدىن چىققان پەرزەنتلىرىڭ قۇم دانچىلىرىدەك سانسىز بولاتتى! \m ئۇلارنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىغان ياكى يوقىتىۋېتىلمەيدىغان بولاتتى! \m \v 20 بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار! \m ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ مۇشۇنى جاكارلاڭلار، \m بۇ خەۋەرنى ئاڭلىتىڭلار، \m جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئۇنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەڭلار: ــ \m «پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزدى!\f □ \fr 48:20 \ft \+bd «بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار!»\+bd* ــ ئىسرائىل بابىلدىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 536-يىلى) قۇتۇلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قايتىپ كەلدى. نۇرغۇن يەھۇدىيلار پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ يەردىكى ئەھۋالىنى ياخشى دەپ قارايتتى. ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئادەم سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بېيىپ كەتتى. ئۇلار ئېرىشكەن پاراۋان تۇرمۇشنى تاشلاپ ئۆز يۇرتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش جاپاسىدىن باش تارتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمايتتى. ئادەملەر مۇشۇ دۇنيادىكى مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆز گۇناھىدىن، شەخسىيەتچىلىكىدىن، \+bd ئۆزىدىن\+bd* «ئازاد قىلىنىش»ى ياكى «قۇتقۇزۇلۇش»ى ئەڭ مۇھىمدۇر. قورەش بولسا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش يولىنى ئاچقان. بىراق گۇناھلىرىدىن ساقىت بولمىسا، ھەممىسى قۇرۇق، بىكارغا كېتىدۇ. \fp بېشارەتلەر بويىچە مۇشۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن، ئىنساننى گۇناھدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» ئەۋەتىلىدۇ. ئۇنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرى تۆۋەندىكى 49-55-بابتىكى بېشارەتلەرنىڭ تېمىسى بولىدۇ. \fp (مۇشۇ بېشارەتلەر بەلكىم ئىككىنچى قېتىم ئاخىرقى زامانلاردىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا ئىسرائىل «يېڭى بابىل»دىن ھەم دۇنيادىكى چەت-چەتلەردىن زىئونغا قايتىدۇ).\f*  \x + \xo 48:20 \xt يەش. 52‏:11؛ يەر. 50‏:8؛ 51‏:45،6؛ ۋەھ. 18‏:4\x* \m \v 21 ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ \m ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ \m بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!».\f □ \fr 48:21 \ft \+bd «ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ ...سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!»\+bd* ــ «مىس.» 17-بابنى كۆرۈڭ. شۇ چاغدا ئىسرائىللار خۇدادىن نارازى بولۇپ قاقشاپ كەتتى. بەلكىم 22-ئايەت مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 22 «رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر». \x + \xo 48:22 \xt يەش. 57‏:21\x* \b \b \m \c 49 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ سۆزى ــ •••• خۇدانىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقى \m \v 1 «ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، \m يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! \m بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ \m ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛\f □ \fr 49:1 \ft \+bd «ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى ئەسلەتتى».\f* \m \v 2 ئۇ ئاغزىمنى ئۆتكۈر قىلىچتەك قىلدى؛ \m ئۆز قولىنىڭ سايىسى ئاستىدا مېنى يوشۇرۇپ كەلدى، \m مېنى سىلىقلانغان بىر ئوق قىلدى؛ \m ئۇ مېنى ئوقدېنىغا سېلىپ ساقلىدى،\f □ \fr 49:2 \ft \+bd «ئۇ ئاغزىمنى ئۆتكۈر قىلىچتەك قىلدى ...مېنى سىلىقلانغان بىر ئوق قىلدى»\+bd* ــ قىلىچنىڭ تەسىرى يېقىندىكىلەرگە، ئوقنىڭ بولسا يىراقتىكىلەرگە بولىدۇ.\f* \m \v 3 ۋە ماڭا: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» ــ دېدى».\f □ \fr 49:3 \ft \+bd «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، خۇدا ياقۇپقا يېڭى بىر ئىسىم، ئىسرائىلنى («خۇدا بىلەن بىللە بولغان ئەمىر» ياكى «خۇدانىڭ غەلىبىچىسىدۇر» دېگەن مەنىدە) بېغىشلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بوۋىسى ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن ئەڭ ئۇلۇغى: «سەن ۋە ئەۋلادىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا بەخت يەتكۈزىسەن» دېگەننى تەكرارلاپ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. بىراق ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللار خۇداغا گۇۋاھلىق بەرمەي مۇشۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي كەلگەن. مۇشۇ يەردە خۇدا شۇ ۋەزىپىنى ھەم ۋەدىسىنى: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» دەپ، پەۋقۇلئاددە «ئۆز قۇلى»غا تاپشۇردى.\f* \m \v 4 ئەمما مەن: ــ \m «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، \m ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ \m شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، \m مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم؛ \f □ \fr 49:4 \ft \+bd «مەن: ــ «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن 5-13-ئايەتلەرنىمۇ كۆرۈش كېرەك. قارىغاندا خۇدا ئۆز قۇلىغا «ئۆز خەلقىمنى توۋا قىلىش يولىدا يېنىمغا قايتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، قۇل ۋاقىت-كۈچىنى سەرپ قىلىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندەك كۆرۈنىدۇ؛ دېمەك، ئىسرائىل، يەنى «ياقۇپنىڭ قەبىلىلىرى» ھېچ توۋا قىلمىغان. ئوقۇرمەنلەر مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھەقىقىي يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى ئىنجىلدىن كۆرەلەيدۇ.\f* \m \v 5 ئەمدى مېنى ئۆز قۇلى بولۇشقا، \m ياقۇپنى توۋا قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتۇرۇشقا مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m (ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان بولسىمۇ، \m مەن يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولدۇم، \m شۇنىڭدەك خۇدايىم مېنىڭ كۈچۈمدۇر)\f □ \fr 49:5 \ft \+bd «ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...يەنى ئىسرائىلنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ يىغىش ئۈچۈن... (مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن)....»\f* \m \v 6 ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى \add گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ\add* تۇرغۇزۇشقا، \m ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ \m مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، \m يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».\f □ \fr 49:6 \ft \+bd « \+bd*\+bdit پەرۋەردىگار\+bdit* مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر...» ــ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى «ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشمىگىنى بىلەن»، يەنىلا ئۈمىدسىزلەنمەي دۇئا قىلىۋەردى. خۇدا ئۇنىڭغا: «پەقەت ئۆز خەلقىم بولغان يەھۇدىيلارنى قايتۇرۇپلا قالماي، سەن بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا نۇر ۋە نىجات بولۇپ، قۇتقۇزغۇچى بولىسەن» دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ.\f* \m \v 7 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ئادەملەر ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىگە، \m يەنى كۆپچىلىك لەنىتىي دەپ قارىغان، \m ئەمەلدارلارغا قۇل قىلىنغان كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سۆزىدە تۇرغۇچى پەرۋەردىگار، \m يەنى سېنى تاللىغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، \m پادىشاھلار كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەمەلدارلارمۇ باش ئۇرىدۇ؛\f □ \fr 49:7 \ft \+bd «ئادەملەر ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىگە، يەنى كۆپچىلىك لەنىتىي دەپ قارىغان... كىشىگە..»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «كۆپچىلىك» ئىبرانىي تىلىدا «يات ئەل» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئىسرائىل خۇداغا نىسبەتەن «يات بىر ئەل» دەپ قارىلىدۇ. \+bd «...پادىشاھلار كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەمەلدارلارمۇ باش ئۇرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەت بىلەن يۇقىرىقى بېشارەتنى سېلىشتۇرساق، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. قۇل دۇنياغا نۇر ۋە نىجات بولغىنى بىلەن ئۇ ئادەملەرنىڭ نەپرەت-كەمسىتىشىگە، چەتكە قېقىشىغا ھەم خورلۇقىغا ئۇچرايدۇ؛ بىراق ئاخىردا ھەتتا دۇنيادىكى پادىشاھلارمۇ «كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ» قۇلغا باش ئۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ «نېمە كۆرگەنلىكى» مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى؛ بۇنى بىلىش ئۈچۈن «يەشايا»نى داۋاملىق ئوقۇش كېرەك!\f* \m \v 8 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، \m نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن؛ \m مەن سېنى قوغدايمەن، \m سېنى خەلقىمگە ئەھدە سۈپىتىدە بېرىمەن؛ \m شۇنداق قىلىپ سەن زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرىسەن، \m \add خەلقىمنى\add* خارابە بولۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىسەن،\x + \xo 49:8 \xt 2كور. 6‏:2\x* \m \v 9 سەن مەھبۇسلارغا: «بۇياققا كېلىڭلار»، \m قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغانلارغا: «نۇرغا چىقىڭلار» ــ دەيسەن؛ \m ئۇلار يوللار بويىدىمۇ ئوتلاپ يۈرىدۇ، \m ھەتتا ھەربىر تاقىر تاغلاردىن ئوزۇقلۇق تاپىدۇ؛ \m \v 10 ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ \m تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، \m ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ.\x + \xo 49:10 \xt ۋەھ. 7‏:16\x* \m \v 11 شۇنىڭدەك مەن بارلىق تاغلىرىمنى يول قىلىمەن، \m مېنىڭ يوللىرىم بولسا ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 49:11 \ft \+bd «... شۇنىڭدەك مەن بارلىق تاغلىرىمنى يول قىلىمەن، مېنىڭ يوللىرىم بولسا ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ بېشارەتلەر ھەم جىسمانىي جەھەتلەر ھەم روھىي جەھەتلىرىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «جىسمانىي جەھەتتە» قۇل ئىسرائىل خەلقىنى دۇنىيانىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرىدىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ، ياقۇپنىڭ «مىراسى بولغان» پەلەستىننى گۈللەندۈرۈپ ئۇلارغا قايتىدىن بېغىشلايدۇ. مۇشۇ ئىشلار يەنە تۆۋەندىكى 14-26-ئايەتلەردە تەسۋىرلىنىدۇ. \fp خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ ئىشلار «سەن ئۈچۈن بۇ زەررىچىلىك ئىشتۇر». ئۇنىڭ قۇلى شەيتاننىڭ ۋە گۇناھنىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا ئۇزۇن ياتقان بارلىق مەھبۇسلار ئۈچۈن ئەركىنلىككە، خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە، يېڭى، ئەھمىيەتلىك ھاياتقا، جۈملىدىن جەننەتكە ئېرىشىشتىكى پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىدۇ.\f* \m \v 12 مانا، مۇشۇ كىشىلەر يىراقتىن كېلىۋاتىدۇ، \m مانا، بۇلار بولسا شىمالدىن ۋە غەربتىن كېلىۋاتىدۇ، \m ھەم مۇشۇلار سىنىم زېمىنىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ.\f □ \fr 49:12 \ft \+bd «مانا، بۇلار بولسا شىمالدىن ۋە غەربتىن كېلىۋاتىدۇ، ھەم مۇشۇلار سىنىم زېمىنىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «سىنىم» دېگەن سۆز بەلكىم قەدىمكى «چىن» مەملىكىتى (قەدىمكى «چىن» ھازىرقى جۇڭگو)نى كۆرسىتىش مۇمكىن. مۇشۇ سۆز ئۈستىدە باشقا قاراشلارمۇ مەۋجۇت.\f* \m \v 13 خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ \m ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ \m ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، \m ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ. \m \v 14 بىراق زىئون بولسا: ــ \m «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، \m رەببىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» ــ دەيدۇ. \m \v 15 ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ \m ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ \m ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، \m مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن. \m \v 16 مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ \m \add خارابە\add* تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر. \m \v 17 ئوغۇل بالىلىرىڭ \add قايتىشقا\add* ئالدىرىۋاتىدۇ؛ \m ئەسلىدە سېنى ۋەيران قىلغانلار، خاراب قىلغانلار سېنىڭدىن يىراق كېتىۋاتىدۇ؛ \m \v 18 بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق! \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ قېشىڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ! \m ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە زىبۇ-زىننەتلەر قىلىپ كىيىسەن؛ \m تويى بولىدىغان قىزدەك سەن ئۇلارنى تاقايسەن؛\x + \xo 49:18 \xt يەش. 60‏:4\x* \m \v 19 چۈنكى خارابە ھەم چۆلدەرەپ كەتكەن جايلىرىڭ، \m ۋەيران قىلىنغان زېمىنىڭ، \m ھازىر كېلىپ، تۇرماقچى بولغانلار تۈپەيلىدىن ساڭا تارچىلىق قىلىدۇ؛ \m ئەسلىدە سېنى يۇتۇۋالغانلار يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.\f □ \fr 49:19 \ft \+bd «... خارابە ھەم چۆلدەرەپ كەتكەن جايلىرىڭ... ھازىر كېلىپ، تۇرماقچى بولغانلار تۈپەيلىدىن ساڭا تارچىلىق قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ خىل مەسىلە ئىنتايىن ياخشى بىر مەسىلە، ئەلۋەتتە. ئانىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن بالىلىرى شۇنچە كۆپكى، يۇرتقا پاتمايدۇ.\f* \m \v 20 سېنىڭدىن جۇدا قىلىنغان بالىلىرىڭ بولسا ساڭا: ــ \m «مۇشۇ جاي تۇرۇشۇمغا بەك تارچىلىق قىلىدۇ؛ \m ماڭا تۇرغۇدەك بىر جاينى بوشىتىپ بەرسەڭ!» ــ دەيدۇ؛ \m \v 21 سەن كۆڭلۈڭدە: ــ \m «مەن بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان، \m غېرىب-مۇساپىر ۋە سۈرگۈن بولۇپ، ئۇيان-بۇيان ھەيدىۋېتىلگەن تۇرسام، \m كىم مۇشۇلارنى ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ \m كىم ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى؟ \m مانا، مەن غېرىب-يالغۇز قالدۇرۇلغانمەن؛ \m ئەمدى مۇشۇلار زادى نەدىن كەلگەندۇر؟» ــ دەيسەن. \m \v 22 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مانا، مەن ئەللەرگە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىمەن، \m ئەل-مىللەتلەرگە كۆرۈنىدىغان بىر تۇغنى تىكلەيمەن؛ \m ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قۇچىقىدا ئېلىپ كېلىشىدۇ؛ \m ئۇلار قىزلىرىڭنى ھاپاش قىلىپ كېلىدۇ. \m \v 23 پادىشاھلار بولسا، «ئاتاق دادىلىرىڭ،» \m خانىشلار بولسا ئىنىكئانىلىرىڭ بولىدۇ؛ \m ئۇلار ساڭا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، \m پۇتلىرىڭ ئالدىدىكى چاڭ-توپىنىمۇ يالايدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن؛ \m چۈنكى ماڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەر ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ. \m \v 24 ئولجىنى باتۇرلاردىن ئېلىۋالغىلى بولامدۇ؟ \m ھەققانىيەت جازاسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟\f □ \fr 49:24 \ft \+bd «ھەققانىيەت جازاسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم ئىسرائىللار ياكى باشقا مىللەتلەر «ھەققانىيەت جازاسىغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنسا»، ئۇنداقتا ھەققانىي بولغان خۇدا ئۇلارنى ئەركىن قىلسا بولامدۇ، بولامدۇ؟ بۇ ئۆزىنىڭ ئادىللىقىغا خىلاپلىقمۇ؟ ــ دېمەكچى. تۆۋەندىكى ئايەتنى ھەم ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 49:24 \xt مات. 12‏:29\x* \m \v 25 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ھەتتا باتۇرلاردىن ئەسىرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋالغىلى، \m ئەشەددىيلەردىن ئولجىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ؛ \m ۋە سەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن مەنمۇ دەۋالىشىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلىمەن.\f □ \fr 49:25 \ft \+bd «سەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن مەنمۇ دەۋالىشىمەن»\+bd* ــ خۇدانىڭ بۇ سۆزى بەلكىم «سىلەرنى ئەركىن قىلىشىمدا بىرسى ئادىللىقىمغا داغ چۈشۈرگەن بولسا ياكى ماڭا: «بىئادىل!» دەپ ئەرز قىلسا، مەن ئۆزۈم ئىگە، بۇنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن» دېمەكچى. ئەمدى ئۇنىڭ قانداق قىلىپ «بىر تەرەپ قىلىش»ى 53-بابتا ئاشكارىلىنىدۇ.\f* \m \v 26 سېنى ئەزگۈچىلەرنى ئۆز گۆشى بىلەن ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرىمەن؛ \m ئۇلار يېڭى شاراب ئىچكەندەك ئۆز قېنى بىلەن مەست بولۇپ كېتىدۇ؛ \m شۇنداق قىلىپ بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ ھەم ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ، \m ياقۇپقا كۈچ-قۇدرەت بولغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. \x + \xo 49:26 \xt ۋەھ. 16‏:6\x* \b \b \m \c 50 \s1 خۇدانىڭ چاقىرىقىغا كىم: «مانا مەن» ــ دەيدۇ؟ \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟ \m ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟ \m مانا، سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈڭلارنى سېتىۋەتكەنسىلەر؛ \m سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى.\f □ \fr 50:1 \ft \+bd «مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟... سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى»\+bd* ــ خۇدا ئىسرائىلغا «ئۆز ئايالىم»دەك قارايدۇ. «قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟» ــ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەن قانۇنغا ئاساسەن، «تالاق خەت» بولمىسا، «ئاجراشقانلار» قايتىدىن ئەپلەشسە بولىدۇ. دېمەك، ئىسرائىلنىڭ خۇدانىڭ يېنىغا قايتىش يولى ئوچۇق كۆرۈنىدى. \fp \+bd «ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟»\+bd* ــ خۇداغا قەرز بەرگۈچى يوق، ئەلۋەتتە. خۇدا «ئۆز مەنپەئىتى»نى كۆزلىگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈرۈشىگە يول قويغان (ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، يەشايا ئاساسەن مۇشۇ بېشارەتلەرنى ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋر ئۈچۈن سۆزلەيدۇ).\f* \m \v 2 مەن سىلەردىنمۇ سورايمەن: \m مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟ \m مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟ \m ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟ \m قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟ \m مانا، مەن بىر ئەيىبلەپلا دېڭىزنى قۇرۇتۇپ، \m دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ \m سۇ بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى سېسىپ كېتىدۇ، \m ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ؛\f □ \fr 50:2 \ft \+bd «مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟ مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟ قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم يۇقىرىقى «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، رەب مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» دېگەن قاقشاشلارغا بېرىلگەن ئىككىنچى بىر جاۋاب. خۇدا زىئوننى ئۇنتۇمىدى؛ بىراق ئۇ ئۇلاردىن ئۆز خىزمىتىنى قىلغۇدەك ئادەمنى چاقىرسا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ھېچكىم چىقمايدۇ. بىرسى چىقسىلا، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.\f*  \x + \xo 50:2 \xt چۆل. 11‏:23؛ يەش. 59‏:1\x* \m \v 3 ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن، \m ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى \add قارا\add* بۆزدىن قىلىمەن». \f □ \fr 50:3 \ft \+bd «ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى قارا بۆزدىن قىلىمەن»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ «مىسىردىن چىقىش» دەۋرىدە مۇشۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەن. «مىسىردىن چىقىش»نى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەنە سۆزلەيدۇ \m \v 4 «رەب پەرۋەردىگار مېنىڭ جاپا چەككەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ياساشنى بىلىشىم ئۈچۈن ماڭا تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلارنىڭ تىلىنى تەقدىم قىلدى؛ \m ئۇ مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ، \m تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ.\f □ \fr 50:4 \ft \+bd «... تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلار... تەربىيىلەنگەنلەر...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلار» ۋە تۆۋەندىكى «تەربىيىلەنگەنلەر» ھەم «مۇخلىسلار» (8-باب، 16-ئايەت) بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «\+bd*\+bdit پەرۋەردىگار\+bdit* مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ، تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ» ــ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلدىن ھېچكىم چىقمىدى. خۇدانىڭ نىيىتىدىكى ئىشنى قىلىشقا چىقىدىغىنى ھەم شۇنداقلا شۇ ئىشىنى قىلالىغۇچى پەقەتلا خۇدانىڭ قۇلى مەسىھ ئىدى. پەقەت بىر قېتىملا ئەمەس، ئۇ «ھەر سەھەردە» خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەربىيىنى قوبۇل قىلىدۇ.\f* \m \v 5 رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛ \m مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، \m ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم.\f □ \fr 50:5 \ft \+bd «رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛ مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم»\+bd* ــ قۇل بولسا ھەر سەھەر خۇدانىڭ سۆزىنى ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايدۇ. بىر كۈنى ئۇ خۇدانىڭ ۋەھىيسى بىلەن، خۇدانىڭ كۆڭۈلدىكىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرنى، ئادەملەرنىڭ رەزىل خورلاشلىرىنى تارتىش كېرەك دەپ بىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ باش تارتمايدۇ، بەلكى مۇشۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا قەتئىي بەل باغلايدۇ (6-7-ئايەت).\f*  \x + \xo 50:5 \xt يـۇھ. 14‏:31؛ فىل. 2‏:8؛ ئىبر. 10‏:5-10\x* \m \v 6 دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، \m مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ \m خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛ \m \v 7 بىراق رەب پەرۋەردىگار ياردىمىمدە بولىدۇ؛ \m شۇڭا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ \m شۇڭا مەن \add نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ\add* يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم؛ \m خىجىللىققا قالدۇرۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.\f □ \fr 50:7 \ft \+bd «شۇڭا مەن نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم»\+bd* ــ «ئالماس» ئىبرانىي تىلىدىكى «چاقماق تېشى» دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدە (ئەڭ قاتتىق تاش).\f* \m \v 8 مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛ \m كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟ \m بار بولسا بىرلىكتە دەۋالىشايلى؛ \m كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا، \m ئالدىمغا كەلسۇن!\f □ \fr 50:8 \ft \+bd «مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛ كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟ ... كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا، ئالدىمغا كەلسۇن!»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، قۇل سوت قىلىنىپ قاتتىق تۆھمەت-شىكايەتلەرگە ئۇچرايدۇ.\f*  \x + \xo 50:8 \xt رىم. 8‏:32،33\x* \m \v 9 ماڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇر؛ \m ئەمدى مېنى ئەرز قىلالايدىغان كىمكەن؟ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تال كىيىمدەك ئەسكىرەپ كېتىدۇ؛ \m پەرۋانىلەر ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ». \m \v 10 ــ «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان، \m ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟ \m قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، يورۇقلۇقى بولمىغان كىشى بولسا، \m پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىشىنىپ خاتىرجەملەنسۇن، \m خۇداسىغا يۆلەنسۇن!\f □ \fr 50:10 \ft \+bd «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟»\+bd* ــ بېشارەت بويىچە «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش» ھەم «ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى ئىش ئەمەلىيەتتە ئوخشاشتۇر.\f* \m \v 11 مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، \m ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار! \m قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا، \m ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛ \m بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ \m «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!». \f □ \fr 50:11 \ft \+bd «مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار!.. «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!»»\+bd* ــ بۇ تۈركۈم كىشىلەر: «خۇدادىن ھېچ نۇر كەلمىدى ھەم كەلمەيدۇ» دەپ ئۆز-ئۆزىگە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى «نۇر»نى ياقىدۇ. ئەگەر «نۇر» خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بولمىسا، ساختا پەيغەمبەرلەردىن، ئىنسانلاردىكى پەلسەپىلەردىن ياكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ خىيال-تەپەككۇرىدىن كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ھامان: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىدۇ».\f* \b \b \m \c 51 \s1 نىجات-قۇتۇلۇش سىلەرگە يېقىن تۇرىدۇ! \m \v 1 «ئى ھەققانىيلىققا ئىنتىلگۈچىلەر، \m پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر، \m ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ \m سىلەرنى يونۇپ چىقارغان تاشقا، \m سىلەرنى كولاپ چىقارغان ئورەككە نەزەر سېلىڭلار؛ \m \v 2 ئاتاڭلار ئىبراھىمغا، سىلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ساراھقا نەزەر سېلىڭلار؛ \m چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز چېغىدا چاقىردىم، \m ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدىم، \m ھەم ئۇنى ئاۋۇندۇردۇم. \m \v 3 چۈنكى پەرۋەردىگار زىئونغا تەسەللى بەرمەي قويمايدۇ؛ \m ئۇنىڭ بارلىق خارابە يەرلىرىگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ؛ \m ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ جاڭگاللىرىنى ئېرەن باغچىسىدەك، \m ئۇنىڭ چۆل-باياۋانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىدەك قىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم شاد-خۇراملىق، \m رەھمەتلەر ھەم ناخشا ئاۋازلىرى تېپىلىدۇ. \m \v 4 مېنىڭ خەلقىم، گېپىمنى ئاڭلاڭلار، \m ئۆز ئېلىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ \m چۈنكى مەندىن بىر قانۇن-تەلىم كېلىدۇ، \m ۋە مەن ھۆكۈم-ھەقىقىتىمنى ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن بىر نۇر قىلىپ تىكلەيمەن. \m \v 5 مېنىڭ ھەققانىيلىقىم سىلەرگە يېقىن، \m مېنىڭ نىجاتىم يولغا چىقتى؛ \m مېنىڭ بىلەكلىرىم ئەل-يۇرتلارغا ھۆكۈم-ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ \m ئاراللار مېنى كۈتۈپ ئۇمىد باغلايدۇ، \m ئۇلار مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىدۇ. \m \v 6 بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا، \m ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛ \m چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ، \m يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ \m ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛ \m بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، \m مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ. \m \v 7 ئى ھەققانىيلىقىمنى بىلگەنلەر، \m كۆڭلىگە قانۇن-تەلىمىمنى پۈككەن خەلق، \m ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ \m ئىنسانلارنىڭ ھاقارەتلىرىدىن قورقماڭلار، \m ئۇلاردىكى كۇپۇرلۇق ۋە غالجىرلاشلاردىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمەڭلار؛\x + \xo 51:7 \xt زەب. 37‏:31؛ 118‏:6-7؛ يەش. 51‏:12\x* \m \v 8 چۈنكى كۈيە ئۇلارنى كىيىمنى يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ، \m قۇرت يۇڭ يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ؛ \m بىراق ھەققانىيلىقىم ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، \m مېنىڭ نىجاتىم دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. \x + \xo 51:8 \xt يەش. 50‏:9\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ بىر دۇئاسى \m \v 9 ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى! \m قەدىمكى ۋاقىتلاردا، \m ئۆتكەن زامانلاردىكى دەۋرلەردە ئويغانغىنىڭدەك ئويغان! \m راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن، \m ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 51:9 \ft \+bd «ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى!... راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن، ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ \fp (1) مۇشۇ ئايەتتە «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى»گە قارىتىلغان بىر دۇئا كۆرسىتىلىدۇ. مۇشۇ دۇئاغا بولغان بىرىنچى جاۋاب بىزنىڭچە 12-ئايەتتە خاتىرىلىنىدۇ ــ دېمەك، مەن ھەردائىم سەگەك تۇرىمەن، ساڭا تەسەللى ھەم كۈچ بەرگۈچىدۇرمەن. بىزنىڭچە ئىككىنچى جاۋاب 53-بابتا ئاشكارىلىنىدۇ. \fp (2) «راھاب» ــ مىسىرنىڭ باشقا بىر ئىسمى، مەنىسى «ھاكاۋۇرلۇق»تۇر». بابىللىقلارنىڭ ھەم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەپسانىلىرىگە ئاساسەن، خۇدا دۇنيانى يارىتىپ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال دېڭىزدا تۇرغان بەزى يامان كۈچلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ كۈچلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى «راھاب» ئىدى. ئايەتكە قارىغاندا مۇشۇ كونا «ئەپسانىلەر»نىڭ مەلۇم ئاساسى بار؛ مۇشۇ يەردە خۇدا ئۆز خەلقىنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغاندا، دېڭىزنى قۇرۇتقان، شۇنداق قىلىپ دېڭىزدىكى بارلىق «يامان كۈچلىرىنى» ئاسانلا ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. \fp (3) بىزنىڭچە مۇشۇ يەردىكى «ئەجدىھا» 27-باب، 1-ئايەتتىكى «لېۋىئاتان»دۇر. «مىسىردىن چىقىش» ۋاقتىدا، خۇدا ئۇنى «سانجىغان»، بىراق تېخى ئۆلتۈرگەن ئەمەس. «لېۋىئاتان» شەيتاننىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ، (27-بابتا دېيىلگەندەك) ئاخىرقى زامانلاردا پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.\f* \m \v 10 دېڭىزنى، دەھشەتلىك ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتىۋېتىپ، \m دېڭىزنىڭ تېگىلىرىنى سەن ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ ئۆتۈش يولى قىلغان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟\x + \xo 51:10 \xt يەش. 43‏:16\x* \m \v 11 شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، \m ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ \m ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ \m قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. \m \v 12 سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛ \m ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن، \m تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟\f □ \fr 51:12 \ft \+bd «ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنسان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆلۈۋاتقان بىر ئىنسان» دېگەن قىزىق سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭچە بۇنىڭ مەنىسى، خۇدانى تونۇمىغانلارنىڭ ھاياتىمۇ ئۆلگەن ئادەمگە ئوخشاش بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەتتۇر. \+bd «سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ... ئۆزۈمدۇرمەن؛ ... (سېنىڭ) تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سىلەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرەنچە رود»تا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بەلكىم بارلىق خەلقلەرنى، «سەن» بولسا «ئايالچە رود» شەكىلدە بولۇپ، بەلكىم «زىئون»نىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 51:12 \xt زەب. 118‏:6-8؛ يەش. 51‏:7\x* \m \v 13 ئاسمانلارنى كەرگەن، \m يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، \m شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن؛ \m ئەمدى زالىمنىڭ قەھرى قېنى؟\f □ \fr 51:13 \ft \+bd «ئاسمانلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرەنچە رود»تا بولۇپ، بەلكىم زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى (يات ئەللەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلارنى) كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 51:13 \xt ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 42‏:5؛ 44‏:24\x* \m \v 14 باش ئەگكەن ئەسىر بولسا تېزدىن بوشىتىلىدۇ؛ \m ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ، \m ئۇنىڭ رىسقىمۇ تۈگەپ قالمايدۇ.\f □ \fr 51:14 \ft \+bd «ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ ئۆلۈكى (جىنايەتچىدەك) ئورىغا تاشلىۋېتىلمەيدۇ».\f* \m \v 15 مەن بولسام دېڭىزنى قوزغاپ، دولقۇنلارنى ھۆركىرەتكۈچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ \m «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر؛\f □ \fr 51:15 \ft \+bd ««ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامىدۇر».\f* \m \v 16 ۋە ئاسمانلارنى تىكلەشكە، \m يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا، \m ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە، \m مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن، \m سەن \add قۇلۇمنى\add* قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن. \f □ \fr 51:16 \ft \+bd «ئاسمانلارنى تىكلەشكە، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا، ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە، مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن، سەن قۇلۇمنى قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن» بولسا ئەسلى 9-10-ئايەتتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى»، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»غا ئېيتىلغان گەپ بولۇشى كېرەك؛ شۇڭا بىز «سەن قۇلۇمنى ياپقانمەن» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. ئەمدى 16-ئايەتكە قارىغاندا خۇدانىڭ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرى ئارىسىدا، يېڭى ئاسمان-زېمىننى بەرپا قىلىشمۇ بولغان بولىدۇ.\f* \m \v 17 ئى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرلىك قەدەھنى ئىچىۋەتكەن يېرۇسالېم، \m ئويغان، ئويغان، ئورنۇڭدىن تۇر؛ \m ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇچى جام-قەدەھنى سەن ئىچتىڭ، بىراقلا كۆتۈرىۋەتتىڭ؛\x + \xo 51:17 \xt يەش. 52‏:1\x* \m \v 18 ئۇنىڭ تۇغۇپ بەرگەن بارلىق بالىلىرى ئارىسىدا ئۇنى يېتەكلىگۈدەك ھېچكىم يوق، \m ئۇنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان بارلىق بالىلىرىدىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلىگۈدەك ھېچبىرىمۇ يوق. \m \v 19 بۇ ئىككى ئىش بېشىڭغا چۈشتى ــ \m (كىم سەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ يىغلار؟!) \m ــ بۇلاڭچىلىق ھەم ۋەيرانچىلىق، \m ئاچارچىلىق ھەم قىلىچ؛ \m مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟\f □ \fr 51:19 \ft \+bd «مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «مەندىن باشقا ھېچكىم ساڭا تەسەللى بېرەلمەيدۇ».\f*  \x + \xo 51:19 \xt يەش. 47‏:9\x* \m \v 20 سېنىڭ بالىلىرىڭ ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى، \m تورغا چۈشكەن جەرەندەك ھەربىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ياتىدۇ؛ \m ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى بىلەن، \m خۇدايىڭنىڭ تەنبىھى بىلەن تولدۇرۇلدى؛\x + \xo 51:20 \xt يىغ. 2‏:11،12\x* \m \v 21 شۇڭا ھازىر بۇنى ئاڭلاپ قوي، ئى خار بولغان، \m ــ مەست بولغان، بىراق شاراب بىلەن ئەمەس: ــ \m \v 22 ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى يۈرگۈزگۈچى رەببىڭ پەرۋەردىگار، \m يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مانا، مەن قولۇڭدىن ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان جام-قەدەھنى، \m يەنى قەھرىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىۋالدىم؛ \m سەن ئىككىنچى ئۇنىڭدىن ھېچ ئىچمەيسەن؛ \m \v 23 مەن ئۇنى سېنى خارلىۋاتقانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ \m ئۇلار ساڭا: «بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز، ئېگىلىپ تۇر» دېدى؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن تېنىڭنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ، \m ئۈستۈڭدىن ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كوچىدىكى يول قىلدىڭ». \b \b \m \c 52 \m \v 1 ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، \m ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال؛ \m چۈنكى بۇندىن باشلاپ سۈننەت قىلىنمىغانلار ياكى ناپاكلار ئىچىڭگە ئىككىنچى كىرمەيدۇ.\f □ \fr 52:1 \ft \+bd «ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا خۇدانىڭ غەزىپى زىئوندىن ئۆتتى، مېھىر-شەپقەتلىك كۈنى كەلدى. بىراق قانداق سەۋەبتىن مۇنداق بولغانلىقىنى خۇدا پەيغەمبەرگە تېخى ئايان قىلمىغان؛ تۆۋەندە، 13:52-12:53دە سەۋەبى ئايان قىلىنىدۇ. \fp \+bd «گۈزەل كىيىم»\+bd* — ئىبرانىي تىلىدا ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان «قۇربانلىق قىلغۇچى» كاھىنلارنىڭ مەخسۇس كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، زىئوندىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاھىنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىپ، مەخسۇس ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى بار بولىدۇ.\f* \m \v 2 توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ \m ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم؛ \m ئۆزۈڭنى بوينۇڭدىكى زەنجىرلەردىن بوشىتىۋەتكىن، ئى تۇتقۇن بولغان زىئون قىزى!\f □ \fr 52:2 \ft \+bd «توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتنى 47-باب، 1-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرساق، يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى بابىلنىڭكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. شۇ يەردە «ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختىڭ يوق يەرگە ئولتۇر!» دېيىلىدۇ. شۇ ئايەتكە قارىغاندا يېرۇسالېمنىڭ ئولتۇرغان ئورنى بىر تەخت بولىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.\f* \m \v 3 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سىلەر ئۆزۈڭلارنى پۇلسىز سېتىۋەتكەنسىلەر؛ \m پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر».\f □ \fr 52:3 \ft \+bd «پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر»\+bd* ــ «پۇلسىز» ياكى «پۇل بىلەن ئەمەس» ــ دېمەك، مۇشۇ ھۆرلۈكنىڭ بىر باھاسى بار. قانداق باھا تېخى ئايان قىلىنمىغان؛ 13:52-12:53-ئايەتلەرگە كەلگەندىلا زور قىممەتلىك باھا ئايان قىلىنىدۇ.\f* \m \v 4 چۈنكى مۇنداق دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار: ــ \m خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، \m شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە،\f □ \fr 52:4 \ft \+bd «خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە،...»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، مىسىردىكى ئىسرائىللارغا زالىم بولغان پىرەۋن ئەسلىدە ئاسۇرىيەلىك ئىدى (ئۇ «ھىسكوس»لاردىن چىققان). ئەمما بىزنىڭچە «ئاسۇرىيەلىك» مۇشۇ يەردە سەنناخېرىب قاتارلىق ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 52:4 \xt يار. 46‏:6\x* \m \v 5 (ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) \m مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ \m ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ \m شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، \m مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!»\f □ \fr 52:5 \ft \+bd «... (ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!»\+bd* ــ 4- ۋە 5-ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاش كېرەك. ياقۇپنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئەسلىدە مىسىر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەرگە بارغان؛ كېيىنكى دەۋردىكى پىرەۋن ئىسرائىلغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇلارنى ئېزىشكە باشلىغان. خۇدا ئۇلارنى كارامەت مۆجىزىلەر بىلەن قۇتقۇزغان. «يېقىندا» (4-ئايەت) ئاسۇرىيە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغان (بۇ ئىش خۇدانىڭ تەربىيە جازاسىنى قىسمەن كۆرسىتىشى ئۈچۈن بولغان)، بىراق خۇدا يەنىلا ئۇلارنى كارامەت يول بىلەن قۇتقۇزغان. «ئەمدى ھازىر...» ئىسرائىللار (خۇدانىڭ جازاسى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئادا قىلىنغاندىن كېيىن) ئىنتايىن بىئادىل مۇئامىلىگە مۇپتىلا بولسا، خۇدا چوقۇم تېخىمۇ كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، دېمەكچى.\f*  \x + \xo 52:5 \xt ئ‍ەز. 36‏:20،23؛ رىم. 2‏:24\x* \m \v 6 شۇڭا ئۆز خەلقىم مېنىڭ نامىمنى بىلىدۇ؛ \m شۇڭا شۇ كۈنى ئۇلار مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا ئۇلارغا: «كۆر، مېنى!» دەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. \b \m \s1 پەرۋەردىگار زىئونغا كېلىدۇ! \m \v 7 تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! \m ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ، \m بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، \m نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ، \m ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!»\x + \xo 52:7 \xt ناھ. 2‏:1؛ رىم. 10‏:15\x* \m \v 8 كۆزەتچىلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا! \m ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ، \m ناخشىلارنى ياڭرىتىپ توۋلايدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ!\f □ \fr 52:8 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا...»\+bd* ــ دېمەك، پەرۋەردىگار زىئوننى (ئۆز خەلقىنى) ئەسلىدىكى جايىغا قايتۇرىدۇ. باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار زىئوننى ئەسلىگە كەلتۈرگىنىدە...»، «پەرۋەردىگار زىئونغا قايتقاندا...». ئەمەلىيەتتە بۇلار بىر گەپ ــ «زەك.» 16:1نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 9 ئى يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلىڭلار! \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەرگەن، \m ئۇ يېرۇسالېمنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان! \m \v 10 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان؛ \m شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ.\f □ \fr 52:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا كارامەت ئىش قىلىشقا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن «يەڭنى تۈرگەن»! \+bd «يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «كۆرۈش» بەلكىم كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ھەم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشنىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 52:10 \xt زەب. 98‏:1-2؛ لۇقا 3‏:6\x* \m \v 11 چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار؛ \m ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگمەي شۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ \m ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛\f □ \fr 52:11 \ft \+bd «مۇقەددەس قاچا-قۇچىلار»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن قانۇنغا ئاساسەن بۇ قاچا-قۇچىلارنى پەقەت كاھىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمجەمەتتىكىلىرى (پاك ھالەتتە بولسا) كۆتۈرسە بولىدۇ؛ بىراق 1-ئايەتكە قارىغاندا، خۇدانىڭ بارلىق خەلقىنىڭ مۇشۇ ئىمتىيازى بار.\f*  \x + \xo 52:11 \xt 2كور. 6‏:17؛ ۋەھ. 18‏:4\x* \m \v 12 چۈنكى سىلەر ئالدىرىغان پېتى ئەمەس، \m پاتىپاراق قاچقان پېتى ئەمەس چىقىپ كېتىسىلەر؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا ماڭىدۇ، \m ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئارقا مۇھاپىزەتچىڭلار بولىدۇ. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ قۇربانلىقى ــ ئۆلۈمى، دەپنە قىلىنىشى ھەم تىرىلدۈرۈلۈشى \m \v 13 « ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، \m ئۇ \add ئالەم ئالدىدا\add* كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 52:13 \ft \+bd «ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ،..»\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق «قۇل كۈيلەنگەن ناخشا» دېگەن ئاتاقلىق تۆت شېئىر بار. بۇ «ناخشىلار» 1:42-9-ئايەت، 1:49-13-ئايەت، 4:50-11-ئايەت ھەم 13:52-12:53-ئايەتكىچە داۋام قىلىدۇ. \fp «كۆرۈڭلاركى... مېنىڭ قۇلۇم...» دېگەن سۆزلەر ئەڭ ئاخىرقى «قۇل كۈيلەنگەن ناخشا»نىڭ باشلىنىشىدۇر. مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى «ناخشا» ئىلگىرىكى ناخشىلارنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 52:13 \xt يەش. 11‏:2، 3؛ ئ‍ەف. 1‏:20، 21‏: فىل. 2‏:9-11\x* \b \m \v 14 لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ، \m ــ چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى باشقا ھەرقاندىقىنىڭكىدىن كۆپ زەخىملەنگەن، \m \add قۇلنىڭ\add* قىياپىتى شۇ دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەنكى، ئۇنىڭدا ھەتتا ئادەم سىياقىمۇ قالمىغان!\f □ \fr 52:14 \ft \+bd «لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ»\+bd* ــ «سېنى» شۇبھىسىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 52:14 \xt يەش. 53‏:3\x* \m \v 15 ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە \add قان\add* چاچىدۇ. \m ھەتتا شاھ-پادىشاھلارمۇ ئۇنىڭ كارامىتىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدۇ؛ \m چۈنكى ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغاننى ئۇلار كۆرەلەيدۇ، \m ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاننى چۈشىنەلەيدۇ.\f □ \fr 52:15 \ft \+bd «ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە قان چاچىدۇ»\+bd* ــ تەۋراتتا، مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى «يېپىلاتتى» ياكى «يۇيىلاتتى». گاھىدا، بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كاھىنلار (ئىبادەتخانىدا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلغۇچى مەخسۇس خادىملار) قۇربانلىقنىڭ قېنىنى كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چاچاتتى ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى يۇيىلاتتى. بىز تەرجىمىدە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن «قان» دېگەن سۆزنى قوشتۇق. بۇلار ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەن، يەنى «چاچىدۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمدى مۇشۇ يەردە زادى قانداق قۇربانلىقنىڭ قېنىنى «چاچىدۇ»؟ جاۋاب كېيىنكى ئايەتلەردە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 52:15 \xt مىس. 24‏:6، 8؛ رىم. 15‏:21\x* \b \b \m \c 53 \s1 داۋامى \m \v 1 بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ \m ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟\f □ \fr 53:1 \ft \+bd «بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن كۆرەلەيمىزكى: ــ \fp (1) «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بىر شەخس بولىدۇ (2-، 3-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). تۆۋەندىكى 2-12-ئايەتلەرگىمۇ قارىغاندا، «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» بىر گەپ. \fp (2) پەرۋەردىگارنىڭ «ئايان قىلىشى» ياكى ۋەھىيسى بولمىسا، ھېچكىم ئۇنى تونىيالمايدۇ.\f*  \x + \xo 53:1 \xt مىس. 6‏:6؛ 15‏:6؛ زەب. 98‏:1؛ يەش. 51‏:5، 9، 10؛ يـۇھ. 12‏:38؛ رىم. 10‏:16\x* \m \v 2 ئۇ بولسا \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، \m ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ \m ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، \m بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ.\f □ \fr 53:2 \ft \+bd «ئۇ ... خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ»\+bd* ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ تۇغۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى گەرچە مۆجىزە بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ئىكەنلىكىنى بىلمەي، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مايسا ۋە يىلتىزلار قانداقمۇ قاغجىراق يەردىن ئۈنۈپ چىقسۇن؟!\f*  \x + \xo 53:2 \xt ئايۇپ 8‏:11\x* \m \v 3 ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ \m ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، \m ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ \m ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق.\f □ \fr 53:3 \ft \+bd «ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ،...»\+bd* ــ كىشىلەر: ــ «كېلىپ چىقىشى، تۇرمۇشى ۋە تۇرقى جەھەتتىن مۇشۇنداق ئاددىي ئادەم قانداقمۇ «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولىدۇ؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 53:3 \xt زەب. 22‏:6-8؛ يەش. 49‏:7؛ 52‏:14؛ مار. 9‏:12\x* \m \v 4 بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، \m ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، \m ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. \m بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، \m خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، \m شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق!\f □ \fr 53:4 \ft \+bd «بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ...خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق!»\+bd* ــ بۇ بېشارەتتە پېئىللار كۆپىنچە «ئۆتكەن زامان شەكلىدە» يېزىلغانلىقى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر ئاز غەلىتە تۈيۇلۇشى مۇمكىن. بۇ بېشارەتلەر بولسا، كەلگۈسى، يەنى تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتقان بولسا، نېمىشقا «ئۆتكەن زامان شەكلىدە» ئىپادىلىنىدۇ؟ ئىشىنىمىزكى، ھەممىگە قادىر خۇدايىمىز ئالدىدا، كەلگۈسىدىكى، يەنى تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلار خۇددى بۇرۇنقى ياكى بۈگۈنكى ئىشلارغا ئوخشاشلا روشەن ھەم ئېنىق تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ بېشارەتلەردە، يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس روھنىڭ قابىلىيىتى بىلەن كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر زاماندا بولۇپ ئۆتكىنىدەكلا، بېشارەت بېرىلگەن ئىشلارنى، ئاللىبۇرۇن يۈز بېرىپ بولغان ئىشلارنى كۆرگەندەك ئېنىق كۆرىدۇ. پېئىلنىڭ «ئۆتكەن زامان شەكلى»نى ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خۇدانىڭ نەزىرىدىكى «ئۆزىنىڭ قۇلى»نىڭ ئۆلۈمى، ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىش، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك بىر پاكىت.\f*  \x + \xo 53:4 \xt مات. 8‏:17\x* \m \v 5 لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، \m بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ \m ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، \m ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. \f □ \fr 53:5 \ft \+bd «ۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلدا «بىزگە ئارام-خاتىرجەملىك يەتكۈزگۈچى جازا ئۇنىڭ بېشىغا چۈشتى».\f*  \x + \xo 53:5 \xt رىم. 4‏:25؛ 1كور. 15‏:3؛ 1پېت. 2‏:24\x* \m \v 6 ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، \m ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ \m بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى.\x + \xo 53:6 \xt 1پېت. 2‏:25\x* \m \v 7 ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ \m ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، \m شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. \f □ \fr 53:7 \ft \+bd «ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ قىينالدى، بىراق ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئاغزىنى ئاچمىدى». \+bd «ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى»\+bd* ــ مۇشۇ پاقلانلار ۋە قويلار نېمە ئىشنىڭ ئۆز ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە؛ بىراق قۇل بىلىدۇ ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدى ھەم ئىختىيارى بىلەن ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ خالىغىنى شۇ دەپ ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 53:7 \xt مات. 26‏:63؛ 27‏:12،14؛ مار. 14‏:61؛ 15‏:5؛ روس. 8‏:32\x* \m \v 8 ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، \m ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! \m چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، \m مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى.\f □ \fr 53:8 \ft \+bd «ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى»\+bd* ــ باشقا بىر-ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، سوراققا تارتىلىش بىلەن ئېلىپ كېتىلدى» ياكى «ئۇ رەھىمسىزلىك بىلەن، ھېچ سوراققا تارتىلمايلا ئېلىپ كېتىلدى»، ياكى «ئۇ خار قىلىنغاندا، ئۇ (ئادىل) سوت قىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى». \+bd «ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزىنىڭ دەۋرىدىكىلەر بولسا، (ئۇلار ئارىسىدا) كىم (بۇ ئىشلارغا) ئەتىۋارلىدى».\f*  \x + \xo 53:8 \xt زەب. 22‏:30؛ يەش. 53‏:10\x* \m \v 9 كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، \m لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، \m چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، \m ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس.\f □ \fr 53:9 \ft \+bd «ئۇ ئۆلۈمىدە ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «ئۆلۈمى» دېگەن سۆز، «كۆپلۈك شەكلىدە»، «ئۆلۈملىرى» دەپ ئېلىنغان؛ بۇ سۆز «قۇل»نىڭ ئۆلۈمىنىڭ دەھشەتلىك بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى، ئىنجىل «مات.» 57:27-ئايەتتىن ياكى «يۇھ.» 38:19-ئايەتتىن ئېنىق تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 53:9 \xt 1پېت. 2‏:22؛ مات. 27‏:57-60\x* \m \v 10 بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ \m ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. \m گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، \m لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، \m شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ \m ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f □ \fr 53:10 \ft \+bd «گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ،...»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «گەرچە ئۇ (خۇدا) ئۇنىڭ جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ،...» \fp مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق» (ئىبرانىي تىلىدا «ئاشام» دېيىلىدۇ)، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات 3-قىسىم، يەنى «قۇربانلىقنامە» سۈپىتىدە بولغان «لاۋىيلار» دېگەن كىتابتا، مۇشۇ خىل قۇربانلىق «ئادەم بىلەن خۇدا»نى ھەمدە «ئادەم بىلەن ئادەم»نى ئىناقلاشتۇرىدىغان، يەنى «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى» دەپ ئاتالغان («لاۋىيلار»، 55-بابنى كۆرۈڭ). \fp \+bd «ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ»\+bd* ــ پەرۋەرەردىگارنىڭ قۇلى 8-ئايەتكە ئاساسەن پەرزەنتسىز «ئەۋلادى يوق» ھالدا ئۆلدى. بىراق مۇشۇ بايانلارغا ئاساسەن ئۇ ھازىر ھايات ھەمدە ئۇنىڭ بىر ئائىلىسى بولىدۇ. ئۇلار كىم؟ ئاۋۋالقى بابتىكى 15-ئايەتتە «قان چېچىلغان» نۇرغۇن «يات ئەللەر»، يەنى تۆۋەندىكى 11- ھەم 12-ئايەتتىكى ئۆزىگە ئىشەنگەن، «ھەققانىيلىق يەتكۈزۈلگەن» «نۇرغۇن كىشىلەر» بولماي كىم بولسۇن؟ ئۇ ئۆلگەن بولسا، مۇشۇ ئىش ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن بولۇشى كېرەك؛ دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ. \fp \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ... ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ بايانغا ئاساسەن، قۇل ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن خۇدا ئۇنىڭ قولىغا ئالەمدىكى بارلىق ئىشلارنى تاپشۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 53:10 \xt زەب. 22‏:30؛ يەش. 53‏:8؛ يەش. 8‏:18‏: زەب. 89‏:26-29؛ مات. 1‏:1؛ يـۇھ. 12‏:24؛ رىم. 5‏:18 ،19؛ 1پېت. 2‏:9\x* \m \v 11 ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ \m ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. \m چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.\f □ \fr 53:11 \ft \+bd «ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «نۇرغۇن كىشىلەر» ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان مۆمىن بەندىلەر، يەنى ئۇنىڭ (10-ئايەتتىكى) «ئۇرۇق-ئەۋلادى» بولىدۇ. «نۇرغۇن كىشىلەر» دېيىلگىنى «ھەممە ئادەم» دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 53:11 \xt ئىبر.12‏:2؛ رىم.5‏:18، 19\x* \m \v 12 بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «\add شاراب ھەدىيە\add*»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، \m شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، \m ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».\f □ \fr 53:12 \ft \+bd «بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن»\+bd* ــ «نۇرغۇن كىشىلەر» ئۆزىنىڭ ئائىلىسى (10-ئايەتتكى) «ئۇرۇق-ئەۋلادى»، خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن «روھىي پەرزەنتلىرى»، «ئۆزىنىڭ ئادەملىرى»دۇر. \fp \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ «كۈچلۈكلەر» بەلكىم 52-باب، 15-ئايەتتىكى «شاھ-پادىشاھلار» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»، شاھىنشاھ بولىدۇ. \fp \+bd «ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «شاراب ھەدىيە»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلغا بېرىلگەن «قۇربانلىق تۈزۈمى»دە، پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلىدىغان «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۈستىگە «شاراب ھەدىيە» تۆكۈلىدۇ؛ بۇ «قۇربانلىقنىڭ تولۇقلىمىسى» دەپ قارىلىدۇ. \fp \+bd «ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانالدى»\+bd* ــ بەلكىم ئىككى مەنىسى تەڭ بولۇشى مۇمكىن؛ (1) ئۆزىنى ئاسىيلارغا ۋەكىل قىلىپ ئۇلار ئۈچۈن جازا تارتتى؛ (2) ئۆزى «جىنايەتچى» دەپ قارالدى (ئىبرانىي تىلىدا «ئاسىيلىق قىلغۇچىلار» ھەم «جىنايەتچىلەر» بىر سۆز).\f*  \x + \xo 53:12 \xt مار. 15‏:28؛ لۇقا 22‏:37؛ 23‏:34؛ روس. 28‏:18؛ كول. 2‏:15؛ مات. 20‏:28\x* \b \b \m \c 54 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ ئەجىرىنىڭ بىرىنچى نەتىجىسى •••• زىئوننىڭ خۇدانىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلىشىشى \m \v 1 ــ تەنتەنە قىل، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! \m ناخشىلارنى ياڭرات، شادلىنىپ توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان ئايال! \m ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ \f □ \fr 54:1 \ft \+bd «غېرىب ئايالنىڭ بالىلىر»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ««پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى» دېگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى مۇشۇ بالىلارنئ غېرىب ئايال ئۆزى تۇغمىغان. مۇشۇ بابتىكى بارلىق بەرىكەتلەر يەنە شۈبھىسىزكى، قۇلنىڭ جاپالىق ئەجىرىدىن كەلگەن نەتىجىدۇر. قۇلنىڭ «بىرىنچى ۋەزىپىسى» «ياقۇپنى خۇداغا يىغىپ قايتۇرۇش»تۇر. مۇشۇ بابتىكى تېما دەل شۇدۇر.\f*  \x + \xo 54:1 \xt گال. 4‏:27\x* \m \v 2 چېدىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتىپ، \m تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن؛ \m كۈچۈڭنى ھېچ ئايىماي چېدىر تانىلىرىڭنى ئۇزارتقىن، \m قوزۇقلىرىڭنى چىڭايتقىن؛\f □ \fr 54:2 \ft \+bd «تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن»\+bd* ــ «ئۇلار» بەلكىم قايتىپ كەلگەن «غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى» (1-ئايەت).\f* \m \v 3 چۈنكى سەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە كېڭىيىسەن؛ \m سېنىڭ ئەۋلادىڭ باشقا ئەللەرنى ئىگەلەيدۇ؛ \m ئۇلار غېرىب شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىدۇ. \m \v 4 قورقما، چۈنكى سەن ھېچ خىجالەتتە بولمايسەن، \m ھېچ ئۇياتقا قالدۇرۇلمايسەن، \m چۈنكى يەرگە ھېچ قارىتىلىپ قالمايسەن، \m چۈنكى ياشلىقىڭدىكى خىجىلچانلىقنى ئۇنتۇيسەن، \m تۇللۇقۇڭنىڭ ئاھانىتىنى ھېچ ئېسىڭگە كەلتۈرەلمەيسەن. \m \v 5 چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ \m ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، \m ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ. \m \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى چاقىردى، \m ــ خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، \m ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» ــ دەيدۇ سېنىڭ خۇدايىڭ؛\f □ \fr 54:6 \ft \+bd «خۇدا سېنى ... خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى»\+bd* ــ دېگەن سۆزلەر مۇشۇ يەردە مۇھىم. ئىسرائىل: «خۇدا مېنى تاشلاپ كەتتى» دېگەن تۇيغۇدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا خۇدا ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ خۇدادىن يۈز ئۆرۈشى بىلەن خۇدا ئۇلاردىن «ئاجرىشىپ كەتكەن». بۇ ئىشلار 50-باب، 1-3-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان. بىراق مۇشۇ يەردە خۇدا ئۆز شەپقىتىنى كۆرسىتىپ بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالمايدۇ؛ ئۇ پەقەتلا 8-، 9-ئايەتتە: ــ «مەن (سەندىن غەزەپلىنىپ) بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم» ــ دەيدۇ.\f* \m \v 7 مەن بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم، \m بىراق زور كۆيۈمچانلىق بىلەن سېنى يېنىمغا يىغىمەن؛ \m \v 8 غەزىپىمنىڭ تېشىشى بىلەن مەن بىر دەقىقىلا يۈزۈمنى سەندىن يوشۇرۇپ قويدۇم؛ \m بىراق مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىمەن» ــ دەيدۇ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ پەرۋەردىگار. \m \v 9 مۇشۇ ئىشلار خۇددى نۇھ \add پەيغەمبەر\add* دەۋرىدىكى توپان سۇلىرىدەك بولىدۇ ــ \m مەن نۇھ دەۋرىدىكى سۇلار ئىككىنچى يەر يۈزىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ دەپ قەسەم ئىچكىنىمدەك، ــ \m مەن شۇنداق قەسەم ئىچكەنمەنكى، \m سەندىن ئىككىنچى غەزەپلەنمەيمەن، \m ساڭا ئىككىنچى تەنبىھ بەرمەيمەن.\x + \xo 54:9 \xt يار. 9‏:11\x* \m \v 10 چۈنكى تاغلار يوقىلىدۇ، \m دۆڭلەرمۇ يۆتكىلىپ كېتىدۇ، \m بىراق مېھىر-مۇھەببىتىم سەندىن ھەرگىز كەتمەيدۇ، \m ساڭا ئارام-خاتىرجەملىك بەرگەن ئەھدەممۇ سەندىن نېرى بولمايدۇ» \m ــ دەيدۇ ساڭا كۆيۈمچانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار. \b \m \s1 يېڭى يېرۇسالېمنىڭ پارلاق كېلەچىكى \m \v 11 ئى خار بولغان، بوراندا ئۇيان-بۇيان چايقالغان، ھېچ تەسەللى قىلىنمىغان \add قىز\add*، \m مانا، مەن تاشلىرىڭنى رەڭدار سېمونت لاي بىلەن قىرلايمەن، \m كۆك ياقۇتلار بىلەن ئۇلۇڭنى سالىمەن؛ \m \v 12 پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، \m دەرۋازىلىرىڭنى چاقناق ياقۇتلاردىن، \m بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن.\f □ \fr 54:12 \ft \+bd «پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، ... بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن»\+bd* ــ كونا دەۋرلەردە بەزى شەھەرلەردىكى سېپىلدا مۇنارلارغا ئاپتاپنىڭ ئەكسى چۈشىدىغان تاش ئەينەكلەر ئورنىتىلىپ، «قۇياشلار» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ يەردە بىز «پارقىراق مۇنارلار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f* \m \v 13 سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ \m بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ!\x + \xo 54:13 \xt يـۇھ. 6‏:45\x* \m \v 14 سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ \m سەن زۇلۇمدىن يىراق، \m (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) \m ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، \m چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ. \m \v 15 مانا، بىرەرسى ھامان يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا، \m (بىراق بۇ ئىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولغان ئەمەس)، \m كىمكى يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا سېنىڭ سەۋەبىڭدىن يىقىلىدۇ. \m \v 16 مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، \m ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، \m ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن؛\f □ \fr 54:16 \ft \+bd «مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن»\+bd* ــ دېمەك، مەن بولمىسام مۇشۇ قوراللار ھەم ئىشلەتمەكچى بولغۇچىلار بولمايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قولۇمدا، مەن بىلەن دوست بولساڭ ئۇلارنىڭ ۋەھىمىلىرى نېمە ھېسابلىناتتى؟ 17-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ \m ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. \m مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! \m ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر! \f □ \fr 54:17 \ft \+bd «مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتكىچە يەشايا «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى پەقەت بىرلىك شەكلىدە تىلغا ئالدى. بىراق «يېڭى يېرۇسالېم»دا «پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى» بار ــ يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى، ئۇ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغان «ھەققانىيلىق يەتكۈزگەن»لىرى بار. ئۇلار ھازىر بەلكىم «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»غا ئوخشاش پەزىلەتلىك، گۈزەل مۇھەببەتلىك خاراكتېرىدا بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئوخشاش خۇداغا تولۇق ئىبادەتلىك خىزمەت قىلىدۇ.\f* \b \b \m \c 55 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ ئەجىرىنىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى •••• ئۇنىڭ دۇنياغا سۇنغان يېڭى ھاياتقا ئىگە بولۇشقا تەكلىپى \m \v 1 ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، \m سۇغا كېلىڭلار! \m پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ \m مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛\f □ \fr 55:1 \ft \+bd «سۇغا كېلىڭلار!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سۇ» كۆپلۈك شەكلىدە بولۇپ («سۇلارغا كېلىڭلار!»)، سۇنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار!»\+bd* ــ خۇدا يەشايا ئارقىلىق كوچىدىكى ساتارمەندەك پۈتۈن دۇنياغا سۆز قىلىدۇ. بىراق ئۇ ھېچقانداق گەپ ساتمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى خۇدانىڭ مۇشۇ ئىلتىپاتىغا پۇل بىلەن ئېرىشكىلى بولمىسا، ئۇنىڭغا قانداق باھادا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ جاۋاب دەل 3-ئايەتتە دېيىلىدۇ: ــ ئۇ بولسا پەقەتلا ئادەمنىڭ خۇداغا قۇلاق سېلىشتىكى دىققىتىدىن ئىبارەت. چۈنكى 53-بابتا كۆرگىنىمىزدەك، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بارلىق ئىنسان ئۈچۈن قۇربان بولۇپ بەدەل تۆلەيدۇ.\f*  \x + \xo 55:1 \xt يـۇھ. 7‏:37،38\x* \m \v 2 نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ \m ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟ \m گېپىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشىسىدىن يەڭلار، \m كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ؛\f □ \fr 55:2 \ft \+bd «نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇش كېرەككى، 44-باب، 20-ئايەتتە، خۇدا ئۆزىنى تونۇمىغانلار توغرۇلۇق «ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر!» دېگەنىدى. \+bd «كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «جېنىڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ».\f* \m \v 3 ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ \m ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ \m ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ \m شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر!\f □ \fr 55:3 \ft \+bd «مەن داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەر»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر «زەبۇر» 18-كۈي ھەم 89-كۈيدىن ئېلىنغان. خۇدا شۇ كۈيلەردە داۋۇت پەيغەمبەرگە ئىككى ۋەدىنى بەرگەن: (1) داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى ئۇنىڭ تەختىدە مەڭگۈ ئولتۇرىدۇ. (2) مۇشۇ ئەۋلادى پەقەت ئىسرائىلغىلا ئەمەس، بەلكى جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. تۆۋەندىكى 4-ئايەتتە مۇشۇ كىشى دەل «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ شاپائىتى بىلەن مۇشۇ بەرىكەتلەر «نە بەدەل نە پۇل تۆلىمەيلا» ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.\f*  \x + \xo 55:3 \xt روس. 13‏:34\x* \m \v 4 مانا، مەن ئۇنى ئەل-يۇرتلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە، \m ئەل-يۇرتلارغا يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم ــ \f □ \fr 55:4 \ft \+bd «مانا، مەن ئۇنى ... يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۇنى» ــ مۇشۇ يەردە يەنە «داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەر» بولغان «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ (6:42، 6:49-8نى كۆرۈڭ). شۇنىڭدەك 5-ئايەتتىكى «سەن» دېگەن سۆزمۇ شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ــ «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن، \m سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؛ \m سەۋەبى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر؛ \m چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى».\f □ \fr 55:5 \ft \+bd «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن، سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ... چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «سەن» يەنە «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى»نى كەرسىتىدۇ، سۆزلەر ئۇنىڭغا ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 6 ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ \m ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار! \m \v 7 رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى، \m ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن، \m پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، \m ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛ \m خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، \m ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ. \m \v 8 چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، \m مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛ \m \v 9 چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، \m مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، \m مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر. \m \v 10 يامغۇر ھەم قار ئاسماندىن چۈشۈپ، \m يەر يۈزىنى سۇغىرىپ ئۇنى كۆكەرتىپ، چېچەكلىتىپ، \m تېرىغۇچىغا ئۇرۇقنى، يېگۈچىگە ئاش-ناننى تەمىنلىگۈچە قايتمايدىغاندەك، \m \v 11 مانا مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم شۇنداقتۇر؛ \m ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە، \m ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، \m ئۇ ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ.\f □ \fr 55:11 \ft \+bd «مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم ... ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، ...ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ.»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر 6-10-ئايەتلەر بىلەن تولۇق باغلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئويلىرى گۇناھكار ئىنساننىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ كۈچلۈك سۆزى توۋا قىلغان ئادەمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ھەمراھلىققا ئىگە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئويلىرىنى ھەم يوللىرىنى چۈشىنىشكە باشلاپ، خۇدانىڭ سىرلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق بولۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ.\f* \m \v 12 چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ \m ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ \m تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، \m دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛\f □ \fr 55:12 \ft \+bd «چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر...»\+bd* ــ ئۇلار زادى نەدىن چىقىدۇ؟ ئاخىرقى زامانلاردا، بەلكىم خۇدانىڭ يولىدا ماڭغانلار زىئونغا قاراپ ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق شۇ ئارىلىقتا، ھەربىر توۋا قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ بىر «چىقىشى» بولۇشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ تاللىغان يوللىرىدىن، گۇناھلىرىدىن، شەخسىيەتچىلىكىدىن، تەكەببۇرلۇقىدىن، بارلىق ئەنئەنىۋىي كۆزقاراشلىرىدىن خۇدانىڭ يېڭىلىقىغا ھەم چاقىرىقىغا قاراپ «چىقىشى» كېرەك. ئەمدى مۇشۇ يول جاپالىق ھەم «خەتەرلىك» بولغىنى بىلەن ئۇ بەرىبىر يەنىلا جاھان-ئالەمدىكى ئەڭ شاد-خۇرام ھەم ئەھمىيەتلىك يولدۇر.\f*  \x + \xo 55:12 \xt 1تار. 16‏:33\x* \m \v 13 يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي، \m جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ؛ \m مۇشۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا بىر نام كەلتۈرىدۇ، \m مەڭگۈگە ئۈزۈلمەس كارامەت بولىدۇ. \f □ \fr 55:13 \ft \+bd «يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي، جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئىككى خىل دەرەخ (قارىغاي ۋە خاداس) «دائىم يېشىل تۇرىدىغان» دەرەخلەردۇر.\f* \b \b \m \c 56 \s1 «يەشايا» 3-قىسمى •••• ئاخىرقى زامانلارنى، تەلتۆكۈس نىجاتلىقنى كۈتۈش •••• رەبكە تەشنا بولغانلارنى، كەمسىتىلگەنلەرنى، مۇساپىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ئادالەت ھەم ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، \m ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىۋېرىڭلار؛ \m چۈنكى مېنىڭ نىجاتىم يېقىنلاشتى، \m ھەققانىيلىقىم ئايان قىلىناي دەۋاتىدۇ،\f □ \fr 56:1 \ft \+bd «ئادالەت ھەم ھىدايەت»\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) ــ مۇشۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۇقەددەس قانۇن-پەرمانلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 2 مۇشۇلارنى قىلغۇچى كىشى، \m مۇشۇلاردا چىڭ تۇرغۇچى ئىنسان بالىسى ــ \m شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغۇچى، \m قولىنى ھەرقانداق رەزىللىكتىن تارتقۇچى كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!\f □ \fr 56:2 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ھەم «يەتتىنچى» ھەم «توختىتىش» دېگەن مەنىدە. خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلغا «يەتتىنچى كۈنى»دە، يەنە شەنبە كۈنىدە ئۆز شەخسىي ئىش-خىزمىتىنى توختىتىپ، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىدە دەم ئېلىشنى بۇيرۇغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق قىلىش ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسرائىللاردەك دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئىمان-ئىشەنچى بار-يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشتۇر. مەيلى سودىگەر ياكى دېھقان بولسۇن: ــ «شەنبە كۈنىدە ئىشلىسەم ئالغان پايدام بەلكىم ئالتىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولار» ــ دەپ ئويلىشى مۇمكىن.\f* \m \v 3 ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغان يات يۇرتلۇق ئادەم: ــ «پەرۋەردىگار چوقۇم مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ!»، \m ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن.\f □ \fr 56:3 \ft \+bd «ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن\+bd* ــ «ئاغۋات» پىچىۋېتىلگەن ئادەم. كونا جەمئىيەتلەردە ئۇلار پادىشاھلارنىڭ ياكى بايلارنىڭ ھەرەمخانىلىرىدا ئايال-كېنىزەكلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قىلاتتى. مۇشۇ يەردە ئاغۋاتلار بەلكىم بارلىق مېيىپلەرگە، بارلىق ئورنى پەسلەرگە، بارلىق كۆزگە ئىلىنمايدىغان كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۆز «شابات كۈنلىرىم»نى ساقلايدىغان، \m كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى تاللىغان، \m ئەھدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئاغۋاتلارغا مۇنداق دەيمەنكى: ــ \m \v 5 مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، \m يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن؛ \m مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ \m مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن.\f □ \fr 56:5 \ft \+bd «مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆيۈم» بولسا، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسى. ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇنغا ئاساسەن، ئاغۋاتلار ۋە مېيىپلار ئىبادەتخانىغا كىرىشكە بولمايتتى؛ بىراق «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» قىلغان ئىشلاردىن كېيىن كىرىشكە بولىدىغان بولغان؛ مۇشۇنداق بولۇپلا قالماي، خۇدا ئۇلارغا «مۇقىم ئورۇن»نى بېرىدۇ، دېمەك خالىسا مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر جاينى بېرىدۇ. \fp ئەسلىي ئىبرانىيچە تېكىستتە «قول ۋە نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن» دېيىلگەن. بىز ئۇنى «ئورۇن ۋە نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «قول» بىزنىڭچە «تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئورۇن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئاغۋاتلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرغا ياكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرىش ھوقۇقى يوق ئىدى («قان.» 1:23) \fp «ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن...» باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نام-ئەمەل ئابىدىسى تىكلەيمەن،...». \fp \+bd «... ئۇلارغا... نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن.... مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن»\+bd* ــ ئاغۋاتنىڭ پەرزەنت كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 6 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، \m ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا، \m ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان، \m شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان، \m ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا، \m \v 7 ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، \m مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ \m ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ \m چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ.\x + \xo 56:7 \xt مات. 21‏:13؛ مار. 11‏:17؛ لۇقا 19‏:46\x* \m \v 8 ئىسرائىلدىن تارقىلىپ كەتكەن غېرىبلارنى يىغىپ قايتۇرىدىغان رەب پەرۋەردىگار: ــ \m مەن يەنە ئۇنىڭغا باشقىلارنى، \m يەنى يىغىلىپ بولغانلارغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ يىغىمەن! ــ دەيدۇ. \b \m \s1 ئىسرائىلدىكى يېتەكلىگۈچىلەرگە بولغان بىر بېشارەت \m \v 9 ــ ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، \m ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار!\f □ \fr 56:9 \ft \+bd «ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار!»\+bd* ــ خۇدا ئۆزىنىڭ جازالىشىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ھايۋانلارنى تەكلىپ قىلىدۇ.\f* \m \v 10 \add ئىسرائىلنىڭ\add* كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛ \m ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛ \m ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار، \m چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار! \m \v 11 مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، \m ئۇلار بولسا \add خەلقىمنى\add* «باققۇچى»لارمىش تېخى! \m ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، \m بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر!\f □ \fr 56:11 \ft \+bd «مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا خەلقىمنى «باققۇچى»لارمىش تېخى!»\+bd* ــ «باققۇچى» ياكى «كۆزەتچى» (يېتەكلىگۈچى)نىڭ ئىككى مۇھىم رولى بار: ــ (1) كۆزەتچىلىك؛ يەنى سىرتتىن كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ئەھۋالىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى تېپىش؛ (2) «باققۇچىلىق»؛ ئۆز خەلقىگە كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان چۈشىنىپ خەۋەر ئېلىشتۇر.\f* \m \v 12 ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن، \m ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛ \m ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، \m تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» ــ دەۋېرىدۇ. \b \b \m \c 57 \s1 قاراڭغۇلۇقتا بېرىلگەن نۇر \m \v 1 ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ، \m ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ \m مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ، \m بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى، \m ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ.\x + \xo 57:1 \xt زەب. 12‏:1؛ مىك. 7‏:2\x* \m \v 2 ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ \m يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، \m ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ. \f □ \fr 57:2 \ft \+bd «...دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ»\+bd* ــ «ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى، «ئورنىدا سەكراتتا ياتقان» ياكى «گۆردە ياتقان» دېگەنلىك بولسا كېرەك؛ مەيلى قايسى مەنىدە بولسۇن، ئاساسىي مەنىسى، ئۇلار ئۆلۈشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ روھى خۇدانىڭ ئارامىغا كىرىدۇ.\f* \b \m \s1 «پاھىشە ئايال»، ئۇنىڭ «بالىلىرى» ھەم توۋا قىلغان ئادەم \m \v 3 بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، \m زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ \m بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛ \m \v 4 سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟ \m ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ، \m تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟ \m سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار، \m ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟ \m \v 5 ھەربىر چوڭ دەرەخ ئاستىدا، \m ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، \m كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر!\f □ \fr 57:5 \ft \+bd «ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر!»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە) بۇتپەرەسلىك ئىنتايىن پەسكەشلىشىپ ئۇچىغا چىققانىدى: (1) پەلەستىنلىكلەر «بائال» دېگەن مەبۇدقا «يەرنى مۇنبەت، ئاياللارنى تۇغۇمچان قىلىدۇ» دەپ چوقۇنغان. مۇشۇ بۇتنى «ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن» ئۇلار دەل-دەرەخلەر (بولۇپمۇ دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخلەر ئاستىدا) شۇ مەبۇدقا «نەزىر قىلىنغان» پاھىشە ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتى؛ (2) ئۇلار «ئۆلۈمنى باشقۇرىدىغان» «مولوق» دېگەن باشقا بىر مەبۇدنى «مەمنۇن قىلىش» ئۈچۈن، ئۆز بالىلىرىنى ئوتقا تاشلايتتى ياكى قىلىچلايتتى. يەشايانىڭ مۇشۇ يەردە بۇ ئىككى ئىشنى تىلغا ئېلىشى، بۇلارنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرسەتمەكچى؛ ئۇلار بىر بۇتتىن «بالىلارنى سوراپ»، ئاندىن ئۇلارنى يەنە بىر بۇتقا ئاتاپ سويىدۇ. \fp بىراق مۇشۇ يەردە بۇتپەرەسلىك قىلىدىغانلار پەلەستىندىكىلەر ئەمەس، بەلكى «پەلەستىنلىكلەردىن بۇتپەرەسلىكنى ئۆگەنگەن» ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى. ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىنى مىسىردىن قۇتقۇزغان خۇداسىغا «سادىق، ۋاپادار ئايال»دەك بولۇشى كېرەك ئىدى؛ بىراق بۇنىڭ ئورنىدا، ئۇلار «پاھىشە ئايال» ھەم ئۇنىڭ بالىلىرى بولۇپ كەتكەنىدى.\f* \m \v 6 ئېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر؛ \m شۇلار، شۇلارلا سېنىڭ تەقسىماتىڭدۇر؛ \m شۇنداق، سەن ئۇلارغا ئاتاپ «شاراب ھەدىيەسى»نى قۇيۇپ، \m ئۇلارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نىمۇ سۇنۇپ بەردىڭغۇ؛ \m ئەمدى مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟\f □ \fr 57:6 \ft \+bd «ېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر»\+bd* ــ مۇشۇنىڭ مەنىسى بەلكىم ئېرىقتا ياتقان تاشلار سۇنىڭ ئېرىتىشى بىلەن بەزىدە تەبىئىي ھالدا ئادەمزاتنىڭ شەكلىگە كەلگەن بولۇپ، خەلق تەرىپىدىن ئۆز بۇتلىرى بولۇشقا تاللىنىدۇ. يەشايا مۇشۇ يەردە «سىلىقلانغان تاشلار» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ چاقچاق قىلىدۇ. بۇ ئىبرانىي تىلىدا «خەلەك» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ۋە: «تېيىلغاق، ئالدامچى، خەتەرلىك»، دېگەن يەنە بىر مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. \fp «نېسىۋەڭ» ئىبرانىي تىلىدا «خالاق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئەسلىدە ئىسرائىلغا: «پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلاردۇر» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان نېسىۋىنىڭ («خالاق»ىنىڭ) ئورنىدا بىر «خەلەك»نى، يەنى بىر «ئالدامچى نەرسە»نى تاللىغان. \+bd «مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟»\+bd* ــ دېمەك، مۇشۇ ئىشلاردىن ئۆتۈپ جازالىماي قويۇشۇم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.\f* \m \v 7 سەن يۇقىرى، ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئورۇن-كۆرپە سېلىپ قويدۇڭ، \m سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ.\f □ \fr 57:7 \ft \+bd «سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ»\+bd* ــ ئۇلار ھېچ نومۇس قىلماي، ئوچۇق-ئاشكارا (ئېگىز تاغ ئۈستىدە) بۇتپەرەسلىك قىلىپ تۇراتتى.\f* \m \v 8 ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ، \m چۈنكى سەن مەندىن ئايرىلدىڭ، \m سەن يالىڭاچلىنىپ ئورنۇڭغا چىقتىڭ؛ \m ئورۇن-كۆرپەڭنى كېڭەيتىپ \add خېرىدارلىرىڭ\add* بىلەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەھدىلەشتىڭ؛ \m ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە كۆڭلۈڭ چۈشتى، \m سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ.\f □ \fr 57:8 \ft \+bd «ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا خۇدانىڭ پاكلىقىنى ئەسلىتىش يولىدا ئۆي ئىشىكىنىڭ سىرتقى ئىككى يېنىغا تەۋراتتىكى بىرقانچە سۆزنى ئويۇش ياكى تاختا ئۈستىگە پۈتۈپ چاپلاشنى بۇيرۇغانىدى. «پاھىشە ئايال» مۇشۇ «ئەسلەتمىلەر»نى سىرتىغا ئەمەس، ئىچىگە بېكىتكەن. ئايال ئۇچىغا چىققان بىر بۇتپەرەس بولغىنى بىلەن، يەنىلا «پەرۋەردىگار بار بولسا مېنى جازالايدۇ» دەپ ئەنسىرەپ (باشقىلاردىن يوشۇرۇن ھالدا) مۇشۇ تاختىلارنى بېكىتكەن. بىراق ئۇنىڭ مۇنداق قىلغىنى خۇدانى بۇتلارنىڭ قاتارىغا قويغىنىغا باراۋەر. «پاھىشە ئايال»غا نىسبەتەن، مۇشۇ ئەسلەتمە تاختىلارنى ئىشىك كەينىدە بېكىتىش پۈتۈنلەي خۇراپىي بىر ئىش، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن «تىلتۇمار»غا ئوخشاشلا، خالاس (تەۋراتتا تىلتۇمارلار مەنئى قىلىنغان، ئەلۋەتتە). \fp \+bd «سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ»\+bd* ــ ئەسلىدە «سەن ئۇلاردا بىر قولنى كۆرۈپ قالدىڭ» دېگەنلىك. «بىر قول» بەلكىم «ئازغىنە كۈچ-ھوقۇق»نى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «پاھىشە ئايال» مۇشۇنى كۆرۈپلا دەرھال «بۇنىڭدىن پايدىلانمىسام بولمايدۇ» دەپ 9-ئايەتتىكى ئىشلارنى قىلدى.\f* \m \v 9 سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ، \m ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ، \m پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ \m ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، \m ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ.\f □ \fr 57:9 \ft \+bd «سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭگە (خۇشپۇراق) ماينى سۈرتۈپ...». \+bd «سەن... پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ»\+bd* ــ يەشايا 1-37-بابلاردا خۇداسىز دۆلەتلەر بىلەن ھېچ ئىتتىپاقلاشماسلىقنى قايتا-قايتا دەۋەت قىلغان. پاھىشە ئايال «پادىشاھ»نى ئۆزىگە مەتپۇن قىلماقچى بولۇپ، دەل «ئىتتىپاقلاشماسلىق»نىڭ ئەكسىنى قىلماقچى بولغان. ئەمدى «پاھىشە ئايال» زادى قايسى «پادىشاھ»نىڭ ئالدىغا باردى؟ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆز پادىشاھى بار ئىدى. بىراق خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئۇلارغا يەنە كىنايىلىك گەپ قىلىپ: سىلەر خۇداسىز ئەلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىساڭلار، ئۇ پادىشاھ كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولىدۇ، دېمەكچى.\f* \m \v 10 سەن بېسىپ ماڭغان بارلىق يوللىرىڭدا چارچىغىنىڭ بىلەن، \m يەنە: «پوق يەپتىمەن، بولدى بەس!» دەپ قويمىدىڭ تېخى، \m ئېزىپ يۈرۈشكە يەنىلا كۈچۈڭنى يىغدىڭ، \m ھېچ جاق تويمىدىڭ. \m \v 11 سەن زادى كىمدىن يۈرەكزادە بولۇپ، قورقۇپ يۈرىسەن، \m يالغان گەپ قىلىپ، مېنى ئېسىڭگە ھېچ كەلتۈرمەي، \m كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ. \m مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟ \m سەن يەنىلا مەندىن ھېچ قورقۇپ باقمىدىڭ!\f □ \fr 57:11 \ft \+bd «مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ ئىسرائىلنى جازالىماي كەلدى.\f*  \x + \xo 57:11 \xt يەش. 42‏:14\x* \m \v 12 سېنىڭ «ھەققانىيلىقىڭ»نى ھەم «تۆھپىلىرىڭ»نى بايان قىلىمەن: ــ \m ئۇلارنىڭ ساڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر! \m \v 13 چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان \add بۇتلار\add* كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن! \m بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، \m بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ \m بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، \m مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.\x + \xo 57:13 \xt زەب. 34‏:7-10\x* \m \v 14 \add شۇ چاغدا\add*: ــ «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، \m خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ.\f □ \fr 57:14 \ft \+bd «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى بېشارەت بەلكىم ئاخىرقى زاماندىكى «زىئونغا قايتىش» توغرۇلۇق ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 15 چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، \m يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، \m ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، \m ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، \m كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، \m دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن. \m \v 16 چۈنكى مەن ھەرگىز مەڭگۈگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلىمەيمەن، \m ھەم ئەبەدىلئەبەدگىچە غەزەپلەنمەيمەن؛ \m شۇنداق قىلسام ئىنساننىڭ روھى مېنىڭ ئالدىمدا سۇسلىشىپ يوقايدۇ، \m ئۆزۈم ياراتقان نەپەس ئىگىلىرى تۈگىشىدۇ.\x + \xo 57:16 \xt زەب. 103‏:8-10؛ ئىبر. 12‏:9\x* \m \v 17 ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيەتلىك قەبىھلىكىدە مەن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرغانمەن؛ \m مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكىم بىلەن، \m ئۇ يەنىلا ئارقىسىغا چېكىنگىنىچە ئۆز يولىنى مېڭىۋەردى؛ \m \v 18‏-19 مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، \m مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ \m مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، \m مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، \m ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ \m يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! \m ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن!\f □ \fr 57:18‏-19 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ۋە» ياكى «يەنى». \+bd «... مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ... يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!»\+bd* ــ بۇ 15-18-ئايەتلەردىكى مۇشۇ بېشارەت بىزنىڭچە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۇنداق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەشايا قەستەن بىزگە كىمنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەربىر گۇناھكار، ئۆز گۇناھىدىن توۋا قىلغۇسى بار ھەربىر ئادەم، مۇشۇ سۆزلەرنى دورا سۈپىتىدە ئۆز گۇناھىنىڭ يارىلىرىغا ياقىدۇ. \fp «لەۋلەرگە مېۋە يارىتىمەن» دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ خۇداغا نىسبەتەن لەۋلەردىكى «ھەقىقىي مېۋە»نىڭ باشلىنىشى توۋا قىلىدىغان سۆزلەر بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ خۇداغا توۋا قىلىدىغان، گۇناھ تۈپەيلىدىن قاتتىق پۇشايمىنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىمۇ خۇدا ياراتقان، ئادەملەر توۋا قىلغاندا ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ قۇچىقىغا تاشلىشى كېرەك، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىشى كېرەك، دېمەكچى. ئۇ بەرىبىر ئاجىزلارنىڭ نىجاتكار-قۇتقۇزغۇچىسىدۇر. «كۈچلۈك ئادەملەر» بولسا بەلكىم ھەرگىز گۇناھتىن قۇتقۇزۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئەمەس، بەلكى ھەردائىم ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدۇ.\f* \m \v 20 بىراق رەزىللەر بولسا تىنچىلىنىشنى ھېچ بىلمەيدىغان، \m دولقۇنلىرى لاي-لاتقىلارنى ئۇرغۇتۇۋاتقان، \m داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدەكتۇر. \m \v 21 رەزىللەرگە، ــ دەيدۇ خۇدايىم ــ ھېچ ئارام-خاتىرجەملىك بولماس. \x + \xo 57:21 \xt يەش. 48‏:22\x* \b \b \m \c 58 \s1 قۇرۇق دىنىي پائالىيەتلەر ئادەملەرنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ؛ •••• خۇداغا ياقىدىغان «روزىنى تۇتۇش» \m \v 1 ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن، \m ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا، \m ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر، \m مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى، \m ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن. \m \v 2 بىراق ئۇلار مېنى ھەر كۈنى ئىزدەيدىغان، \m ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىدىغان، \m مېنىڭ يوللىرىمنى بىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، \m خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بىر ئەلگە ئوخشايدۇ؛ \m ئۇلار مەندىن ھەققانىيلىقنى بېكىتىدىغان ھۆكۈم-پەرمانلارنى سورايدۇ؛ \m ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. \m \v 3 \add ئاندىن ئۇلار\add*: ــ «بىز روزا تۇتتۇق، \m ئەمدى نېمىشقا سەن كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ؟ \m بىز جېنىمىزنى قىينىدۇق، \m ئەمدى نېمىشقا بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق؟» ــ \add دەپ سورايدۇ\add*. \m ــ قاراڭلار، روزا كۈنى ئۆز كۆڭلۈڭلاردىكىنى قىلىۋېرىسىلەر، \m خىزمەتچىلىرىڭلارنى قاتتىق ئىشلىتىسىلەر؛ \m \v 4 سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشلىرىڭلار جەڭگى-جېدەل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ؟ \m قەبىھ قوللىرىڭلار مۇشت بىلەن ئادەم ئۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ \m ھازىرقى روزا تۇتۇشلىرىڭلارنىڭ مەقسىتى ئاۋازىڭلارنى ئەرشلەردە ئاڭلىتىش ئەمەستۇر!\f □ \fr 58:4 \ft \+bd «ئەرشلەردە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۇقىرىدا».\f* \m \v 5 مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ \m ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ \m بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، \m ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ \m سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، \m «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟\x + \xo 58:5 \xt زەك. 7‏:5\x* \m \v 6 مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: ــ \m رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، \m بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، \m ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، \m ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟\f □ \fr 58:6 \ft \+bd «ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟»\+bd* ــ «بويۇنتۇرۇق» بەلكىم ئىنسانلارغا ئۇلاغ ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. خۇدانىڭ يوليورۇقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولسا، «بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش»؛ بىراق ھەققانىيلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى پاچاقلاپ تاشلاشتىن ئىبارەت بولۇش كېرەك.\f* \m \v 7 ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، \m ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، \m يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، \m ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟\x + \xo 58:7 \xt ئ‍ەز. 18‏:7،16؛ مات. 25‏:35\x* \m \v 8 شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، \m سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ \m ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، \m ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ. \m \v 9 سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛ \m نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ. \m ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى، \m تەڭلەيدىغان بارماقنى، \m ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ،\f □ \fr 58:9 \ft \+bd «تەڭلەيدىغان بارماق»\+bd* ــ ھىيلىگەرلىك ئىشارەتلەرنى ياكى ئەرز-شىكايەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 10 جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، \m ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، \m شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛ \m \v 11 ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ، \m جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ، \m ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛ \m سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ، \m سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛\f □ \fr 58:11 \ft \+bd «ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق»\+bd* ــ چۆل-باياۋاندا يۈرگەن يولۇچىلار ئۈچۈن بۇلاقلار ئىنتايىن مۇھىم، ئەلۋەتتە. ھېلى بار، ھازىر يوق بولغان بۇلاقلار، «ئادەمنى ئالدايدىغان» بۇلاقلار دېيىلەتتى؛ بۇنداق بۇلاقلار يولۇچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 12 سەندىن تۆرەلگەنلەر كونا خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ \m نۇرغۇن دەۋرلەر قالدۇرغان ئۇللارنى قايتىدىن كۆتۈرىسەن، \m شۇنىڭ بىلەن «بۆسۈلگەن تاملارنى قايتىدىن ياسىغۇچى، \m كوچا-يول ۋە تۇرالغۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىسەن. \m \v 13 ئەگەر سەن شابات كۈنىدە قەدەملىرىڭنى ساناپ ماڭساڭ، \m يەنى مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆزۈڭنىڭكى كۆڭلۈڭدىكىلەرنى قىلماي، \m شاباتنى «خۇشاللىق»، \m پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى «ھۆرمەتلىك كۈن» دەپ بىلسەڭ، \m ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ، \m ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، \m ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، \m قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ،\f □ \fr 58:13 \ft \+bd «ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ...»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىدە «ئۇنى» ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ «شابات كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ،...»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلغا بېرىلگەن «ئون پەرمان»نىڭ تۆتىنچىسى «شابات كۈنىنى مۇقەددەس كۈنى سۈپىتىدە ساقلاڭلار» دېگەن. شاباتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بولسا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق خۇسۇسىي ئىش-خىزمەتلىرىنى قىلماي، خۇدانى سېغىنىشتۇر.\f* \m \v 14 ئۇنداقتا پەرۋەردىگارنى كۆڭلۈڭنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىسەن، \m ھەم مەن سېنى يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن؛ \m ئاتاڭ ياقۇپنىڭ مىراسى بىلەن سېنى ئوزۇقلاندۇرىمەن ــ \m چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق سۆز قىلدى. \f □ \fr 58:14 \ft \+bd «يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب سىرلىق گەپ بولۇپ، مەنىسى (1) ئورنۇڭ ناھايىتى ئۈستۈن بولىدۇ؛ (2) ناھايىتى مۈشكۈل ھەم خەتەرلىك ئىشلار ساڭا ئاسان كېلىدۇ. ئەمدى خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلارنى نېمىگە مىندۈرىدۇ؟ ــ مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. بەلكىم پەرىشتىلەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كۆرسىتىلىشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 59 \s1 خۇدانىڭ سۆزىنىڭ داۋامى ــ گۇناھنىڭ ئۆزىنى تەھلىل قىلىش \m \v 1 ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ \m ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛\x + \xo 59:1 \xt چۆل. 11‏:23؛ يەش. 50‏:2\x* \m \v 2 بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، \m گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى.\f □ \fr 59:2 \ft \+bd «قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس... بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى»\+bd* ــ مۇشۇ 1-2-ئايەتلەر بولسا 58-باب، 3-ئايەتتىكى سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتۇر.\f* \m \v 3 چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، \m بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، \m لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، \m تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛ \m \v 4 ھەققانىيلىق تەرەپتە سۆزلىگۈچى يوقتۇر، \m ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان ھۆكۈم سورىغۇچى يوقتۇر؛ \m ئۇلار يوق بىر نەرسىگە تايىنىپ، ئالدامچىلىق قىلماقتا، \m ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكىسى زىيانداش، \m ئۇلارنىڭ تۇغۇۋاتقىنى قەبىھلىك؛\x + \xo 59:4 \xt ئايۇپ 15‏:35؛ زەب. 7‏:14\x* \m \v 5 ئۇلار چار يىلاننىڭ تۇخۇملىرىنى تۆرەلدۈرىدۇ، \m ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى تورلايدۇ، \m كىم ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى يېسە ئۆلىدۇ؛ \m ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ.\f □ \fr 59:5 \ft \+bd «ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلاردىن ھېچقانداق ياخشىلىق چىقمايدۇ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن تەس؛ ئادەم «تۇخۇملار»نى يېسە، ئۆلىدۇ، «تۇخۇملار»نى بۇزسا، ئۇلاردىن تېخى خەتەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ.\f* \m \v 6 ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ؛ \m ئۆزلىرى ئىشلىگەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ياپالمايدۇ؛ \m ئىشلىگەنلىرى بولسا قەبىھ ئىشلاردۇر؛ \m ئۇلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق تۇرىدۇ؛\f □ \fr 59:6 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەت ۋە 5-ئايەتكە قارىغاندا، «تورلىرى» دېگەنلىك ئۇلارنىڭ قەستلىرى ھەم يامانلىقلىرىنى دىنىي نىقاب بىلەن ياپىدىغان ئۇسۇللارنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 59:6 \xt ئايۇپ 8‏:14،15\x* \m \v 7 قەدەملىرى يامانلىق تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، \m گۇناھسىز قاننى تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ، \m ئۇلارنىڭ ئويلىرى قەبىھلىك توغرىسىدىكى ئويلاردۇر؛ \m بارغانلا يەردە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت تېپىلىدۇ.\x + \xo 59:7 \xt پەند. 1‏:16؛ رىم. 3‏:15\x* \m \v 8 تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇمايدۇ؛ \m يۈرۈشلىرىدە ھېچ ھەقىقەت-ئادالەت يوقتۇر؛ \m ئۇلار يوللىرىنى ئەگرى-توقاي قىلىۋالدى؛ \m كىم بۇلاردا ماڭغان بولسا تىنچ-ئاراملىقنى كۆرمەيدۇ. \b \m \s1 ئىسرائىل گۇناھىنى ئىقرار قىلىدۇ \m \v 9 ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ \m ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ \m نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! \m بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، \m يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز. \m \v 10 قارىغۇلاردەك بىز تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىزدەيمىز، \m كۆزسىز بولغاندەك سىلاشتۇرىمىز؛ \m گۇگۇمدا تۇرغاندەك چۈشتىمۇ پۇتلىشىپ كېتىمىز، \m چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز.\f □ \fr 59:10 \ft \+bd «چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز.»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۈچى بارلار ئارىسىدا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز».\f* \m \v 11 ئېيىقلاردەك نەرە تارتىمىز، \m پاختەكلەردەك قاتتىق ئاھ ئۇرىمىز؛ \m بىز ھۆكۈم-ھەقىقەتنى كۈتۈپ قارايمىز، بىراق ئۇ يوق؛ \m نىجات-قۇتۇلۇشنى كۈتىمىز، بىراق ئۇ بىزدىن يىراقتۇر؛ \m \v 12 چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئالدىڭدا كۆپىيىپ كەتتى، \m گۇناھلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ \m چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ھەردائىم بىز بىلەن بىللىدۇر؛ \m قەبىھلىكلىرىمىز بولسا، بىزگە روشەندۇر: ــ \m \v 13 چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلماقتىمىز، ۋاپاسىزلىق قىلماقتىمىز، \m ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتىمىز، \m زۇلۇمنى ھەم ئاسىيلىقنى تەرغىپ قىلماقتىمىز، \m يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن سۆزلىمەكتىمىز؛ \m \v 14 ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ \m ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ \m چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ \m دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت يوقاي دەپ قالدى؛ \m ئۆزۈمنى يامانلىقتىن نېرى قىلاي دېگەن ئادەم خەقنىڭ ئولجا نىشانى بولۇپ قالدى! \b \m \s1 پەرۋەردىگار دۇئانى ئاڭلاپ ئىشقا كىرىشىدۇ \m \v 16 ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ \m ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى. \m ۋە ئۇ \add ئامال قىلغۇدەك\add* بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى؛ \m \add گۇناھكارلارغا\add* ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغۇچى ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. \m شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى؛ \m ئۇنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى ئۆزىنى قوللاپ چىداملىق قىلدى؛\f □ \fr 59:16 \ft \+bd «ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى»\+bd* ــ پەرۋەردىگار ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئىشقا كىرىشىدۇ. \fp \+bd «شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ئۇنىڭ دۇنياغا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھى، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»دۇر. دېمەك، ئىسرائىل ئۆزىنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھقا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ توۋا قىلغان ۋاقىتتا، «ھېچ قۇتقۇزغۇدەك ئادەم بولمىغاندا»، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئامالسىز قالغان ئىنساننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» نىجاتنى ئېلىپ مۇشۇ دۇنياغا كېلىدۇ. قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۇ يالغۇز ئادا قىلىدۇ؛ «ھېچ ئادەم» ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەيدۇ. يەنە 53-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 59:16 \xt يەش. 63‏:5\x* \m \v 17 ئۇ ھەققانىيلىقنى قالقان-ساۋۇت قىلدى، \m بېشىغا نىجاتلىق دۇبۇلغىسىنى كىيدى؛ \m قىساس لىباسىنى كىيىم قىلدى، \m مۇھەببەتلىك قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيدى.\x + \xo 59:17 \xt ئ‍ەف. 6‏:17؛ 1تېس. 5‏:8\x* \m \v 18 ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى بويىچە، ئۇ ئۇلارغا قايتۇرىدۇ؛ \m رەقىبلىرىگە قەھر چۈشۈرىدۇ، \m دۈشمەنلىرىگە ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ، \m چەت ئاراللاردىكىلەرگىمۇ ئۇ ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ. \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، \m كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ \m دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، \m ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛ \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، \m ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 59:20 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ»\+bd* ــ «رىم.» 26:11نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 59:20 \xt يەش. 10‏:21،22؛ رىم. 11‏:26\x* \m \v 21 مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ \m «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، \m بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 59:21 \ft \+bd «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم»\+bd* ــ ئەمدى مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن» دېگەن كىم؟ يۇقىرىقى 20-ئايەتتە «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ» دېيىلگەن. «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولسا، 16-ئايەتتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى»، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»دۇر. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ سۆزلەر ئۇنىڭغا، يەنى مەسىھگە دېيىلىدۇ.\f* \b \b \m \c 60 \s1 قۇتقۇزۇلغان زىئوننىڭ پارلاق كېلەچىكى \m \v 1 ــ ئورنۇڭدىن تۇر، نۇر چاچ! چۈنكى نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى، \m پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلدى! \m \v 2 چۈنكى قاراڭغۇلۇق يەر-زېمىننى، \m قاپقارا زۇلمەت ئەل-يۇرتلارنى باسىدۇ؛ \m بىراق پەرۋەردىگار ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلىدۇ، \m ئۇنىڭ شان-شەرىپى سېنىڭدە كۆرۈنىدۇ؛ \m \v 3 ھەم ئەللەر نۇرۇڭ بىلەن، \m پادىشاھلار سېنىڭ كۆتۈرۈلگەن يورۇقلۇقۇڭ بىلەن ماڭىدۇ. \m \v 4 بېشىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ يىغىلىدۇ؛ \m ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ، ــ \m ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، \m قىزلىرىڭ يانپاشلارغا ئارتىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ. \m \v 5 شۇ چاغدا كۆرىسەن، \m كۆزلىرىڭ چاقناپ كېتىدۇ، \m يۈرەكلىرىڭ تىپچەكلەپ، ئىچ-ئىچىڭگە پاتماي قالىسەن؛ \m چۈنكى دېڭىزدىكى بايلىقلار سەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېلىدۇ، \m ئەللەرنىڭ مال-دۇنيالىرى يېنىڭغا كېلىدۇ.\x + \xo 60:5 \xt زەب. 34‏:4-9؛ ۋەھ. 21‏:26\x* \m \v 6 توپ-توپ بولۇپ كەتكەن تۆگىلەر، \m ھەم مىدىيان ھەم ئەفاھدىكى تايلاقلار سېنى قاپلايدۇ؛ \m شېبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ؛ \m ئۇلار ئالتۇن ھەم خۇشبۇي ئېلىپ كېلىدۇ، \m پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى جاكارلايدۇ. \m \v 7 كېدارنىڭ بارلىق قوي پادىلىرى يېنىڭغا يىغىلىدۇ؛ \m نېبايوتنىڭ قوچقارلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ \m ئۇلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمغا ئېرىشىپ قۇربانگاھىمغا چىقىرىلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن گۈزەللىك-جۇلالىقىمنى ئايان قىلىدىغان ئۆيۈمنى گۈزەللەشتۈرىمەن.\f □ \fr 60:7 \ft \+bd «...مىدىيان ھەم ئەفاھدىكى تايلاقلار سېنى قاپلايدۇ؛ شېبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ؛ ... ېدارنىڭ بارلىق قوي پادىلىرى يېنىڭغا يىغىلىدۇ؛ نېبايوتنىڭ قوچقارلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ»\+bd* ــ 6-7-ئايەتلەردە دېيىلگەن يەرلەرنى خەرىتىدىن كۆرۈڭ. پەلەستىننى نۇقتا قىلىپ ئېيتقاندا، «مىدىيان» يىراق جەنۇبتا، «ئەفاھ» پارس قولتۇقىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە، «شېبا» مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، «كېدار» ھەم «نېبايوت» شەرق تەرەپتە، يەنى ئەرەبىستاندىكى چۆل-باياۋاننىڭ شىمالىدا. شېبادىن سىرت ھەممىسى بەلكىم ئەرەب قەبىلىلىرى.\f* \m \v 8 كەپتەرخانىلىرىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەردەك، \m ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇتتەك كېلىۋاتقان كىمدۇ؟ \m \v 9 چۈنكى ئاراللار مېنى كۈتىدۇ؛ \m شۇلار ئارىسىدىن ئوغۇللىرىڭنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىشكە، \m ئۆز ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشكە، \m تارشىشتىكى كېمىلەر بىرىنچى بولىدۇ. \m ئۇلار خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، \m ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىق كەلتۈردى.\f □ \fr 60:9 \ft \+bd «تارشىشتىكى كېمىلەر بىرىنچى بولىدۇ...»\+bd* ــ بىلىشىمىزچە، قەدىمكى زامانلاردا ئۈچ «تارشىش» بار ئىدى (ھەممىسى تۇرنىڭ مۇستەملىكىلىرى). مۇشۇ ئايەتتىكى «تارشىش» بەلكىم ئىسپانىيەنى (قانائاندىن يىراق بولغان غەربىي تەرەپتە) كۆرسىتىدۇ؛ دېمەكچى، ئاخىرقى زاماندا خۇدانىڭ يولىنى تۇتقانلار جاھاندىكى بارلىق تەرەپلەردىن زىئونغا قاراپ كېلىدۇ.\f* \m \v 10 يات ئادەملەرنىڭ بالىلىرى سېپىللىرىڭنى قۇرىدۇ، \m ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ \m چۈنكى غەزىپىمدە مەن سېنى ئۇردۇم؛ \m بىراق شاپائىتىم بىلەن ساڭا رەھىم-مېھرىبانلىق كۆرسەتتىم.\x + \xo 60:10 \xt يەش. 49‏:23\x* \m \v 11 دەرۋازىلىرىڭ ھەردائىم ئوچۇق تۇرىدۇ؛ \m (ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئېتىلمەيدۇ) \m شۇنداق قىلغاندا ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ساڭا ئېلىپ كەلگىلى، \m ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئالدىڭغا يېتەكلەپ كەلگىلى بولىدۇ. \m \v 12 چۈنكى ساڭا خىزمەتتە بولۇشنى رەت قىلىدىغان ئەل ياكى پادىشاھلىق بولسا يوقىلىدۇ؛ \m مۇشۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. \m \v 13 مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، \m لىۋاننىڭ شەرىپى، \m ــ ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدۇ؛ \m شۇنداق قىلىپ ئايىغىم تۇرغان يەرنى شەرەپلىك قىلىمەن.\f □ \fr 60:13 \ft \+bd «لىۋاننىڭ شەرىپى، ــ ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدۇ»\+bd* ــ لىۋان دېگەن جايدىن ھەرخىل چىرايلىق دەرەخلەر چىقاتتى.\f* \m \v 14 سېنى خارلىغانلارنىڭ بالىلىرى بولسا ئالدىڭغا ئېگىلگىنىچە كېلىدۇ؛ \m سېنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايىغىڭغا باش ئۇرىدۇ؛ \m ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، \m «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ زىئونى» دەپ ئاتايدۇ. \m \v 15 سەن تاشلىۋېتىلگەن ھەم نەپرەتكە ئۇچرىغانلىقىڭ ئۈچۈن، \m ھېچكىم زېمىنىڭدىن ئۆتمىگەن؛ \m ئەمدىلىكتە مەن سېنى مەڭگۈلۈك بىر شان-شۆھرەت، \m ئەۋلاد-ئەۋلادلارنىڭ بىر خۇرسەنلىكى قىلىمەن.\x + \xo 60:15 \xt يەش. 49‏:19؛ 54‏:1، 6، 7\x* \m \v 16 ئەللەرنىڭ سۈتىنى ئېمىسەن، \m پادىشاھلارنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەندەك \add مېھىر-شەپقىتىگە\add* ئېرىشسەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ نىجاتكارىڭ ھەم ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، \m «ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسى» دەپ بىلىسەن.\f □ \fr 60:16 \ft \+bd «ئەللەرنىڭ سۈتىنى ئېمىسەن، پادىشاھلارنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەندەك مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشسەن»\+bd* ــ دېمەك، زىئون ئاخىرقى زامانلاردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئۆتۈشى بىلەن (ھەرقانداق كەمسىتىشلەر، ئۆچمەنلىك، نەپرەت ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن) ئاجىز بىر سەبىي بالىدەك بارلىق «يات ئەللەر»نىڭ كۆيۈنۈشلىرى ھەم غەمخورلۇقى بىلەن چوڭقۇر تەسەللىگە ئىگە بولىدۇ. \+bd «ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ياقۇپ» ھەم ياقۇپنىڭ ئۆزى ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 60:16 \xt يەش. 43‏:3\x* \m \v 17 مىسنىڭ ئورنىغا ئالتۇننى، \m تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈشنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ \m ياغاچنىڭ ئورنىغا مىسنى، \m تاشلارنىڭ ئورنىغا تۆمۈرنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ \m سېنىڭ ھاكىملىرىڭنى بولسا تىنچ-ئاراملىق، \m بەگلىرىڭنى ھەققانىيلىق قىلىمەن. \m \v 18 زېمىنىڭدا زوراۋانلىقنىڭ ھېچ ساداسى بولمايدۇ، \m چېگرالىرىڭ ئىچىدە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەتمۇ يوق بولىدۇ؛ \m سەن سېپىللىرىڭنى «نىجات»، \m دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن. \m \v 19 نە قۇياش كۈندۈزدە ساڭا نۇر بولمايدۇ، \m نە ئاينىڭ جۇلاسى ساڭا يورۇقلۇق بەرمەيدۇ؛ \m بەلكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، \m سېنىڭ خۇدايىڭ گۈزەل جۇلالىقىڭ بولىدۇ. \m \v 20 سېنىڭ قۇياشىڭ ئىككىنچى پاتمايدۇ، \m ئېيىڭ تولۇنلۇقىدىن يانمايدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، \m ھەسرەت-قايغۇلۇق كۈنلىرىڭگە خاتىمە بېرىلىدۇ. \m \v 21 سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ؛ \m يەر-زېمىنغا مەڭگۈگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ مېنىڭ گۈزەل جۇلالىقىمنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، \m ئۇلار ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن مايسا، \m ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلىگىنىم بولىدۇ.\x + \xo 60:21 \xt يەش. 29‏:23؛ 45‏:11؛ مات. 15‏:13\x* \m \v 22 سەبىي بالا بولسا مىڭغا، \m ئەڭ كىچىكى بولسا ئۇلۇغ ئەلگە ئايلىنىدۇ، \m مەنكى پەرۋەردىگار بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. \b \b \m \c 61 \s1 زىئوننىڭ پارلاق كېلەچىكى ــ داۋامى •••• «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ يەنە بىر سۆزى \m \v 1 «رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، \m چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. \m ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، \m تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، \m چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛\f □ \fr 61:1 \ft \+bd «رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن»\+bd* ــ «مەسىھلىگەن» ياكى «مەسىھ قىلغان» ــ مۇشۇ يەردە بىز قايتىدىن بۇ ئىبارىگە چۈشەنچە بېرىمىز، شۇنداقلا «مەسىھ» توغرۇلۇق توختىلىمىز. خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ماي سۈرتۈلۈش كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دەپ ئاتىلىپ، شۇ چاغدىن باشلاپ مۇشۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان «قۇربانلىق قىلغۇچى» كاھىنلارمۇ مۇشۇ خىزمەتكە كىرىشىش ئۈچۈن «مەسىھ قىلىنىشى» كېرەك ئىدى. «مەسىھ قىلىنىش» بەزىدە پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۆتكۈزۈلەتتى. بىراق مۇشۇ ئايەتتىكى «مەسىھ قىلىش» زەيتۇن مېيى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز مۇقەددەس روھى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئىنسان تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، خۇدانىڭ ئۆزى ئۆتكۈزىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرىسىدىكى سۆزلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ «پادىشاھ» (پۈتكۈل ئالەمنىڭكى)، پەيغەمبەر («سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيىمەن») ھەم «قۇتقۇزغۇچى كاھىن»دۇر (گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىدۇ، گۇناھكارلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ). شۇ ئۈچ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ خۇدانىڭ روھى بىلەن «مەسىھ قىلىنىشى» كېرەك ئىدى. مۇشۇ يەردىن باشلاپ بىز «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى «مەسىھ» دېگەن نام بىلەن چاقىرىمىز. ئىسرائىلنىڭ 60- ھەم 61-بابتا كۆرسىتىلگەن بەختىنىڭ، ئەللەرنىڭ (ئىسرائىل ئارقىلىق بولغان) بەختىنىڭمۇ ھەممىسى مەسىھنىڭ قىلغان ئىشىدۇر.\f*  \x + \xo 61:1 \xt لۇقا 4‏:17،18،19،20\x* \m \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، \m ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، \m بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى.\f □ \fr 61:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلى»\+bd* ــ «لاۋىيلار» 25-بابتا كۆرسىتىلگەن «بۇرغا (چېلىش) يىلى»، يەنى «ئازادلىق يىلى»، ياكى «شادلىق يىلى» بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلى»نى ئالدىنئالا ئايان قىلغان «بېشارەتلىك بىر رەسىم» بولسا كېرەك. \fp ئىنجىل، «لۇقا» 18:4-19نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 3 زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، \m كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، \m ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، \m غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، \m مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ \m شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، \m «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، \m ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.\f □ \fr 61:3 \ft \+bd «پەرۋەردىگار... زىئوندىكى ... كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى»\+bd* ــ قايغۇ-ھەسرەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئادەملەر كۈللەردە ئولتۇراتتى ياكى ئۇلارنى پېشانىسىغا سۈرتەتتى. مەسىھ بولسا «كۈللەرنىڭ ئورنىغا» خۇشاللىقنى بىلدۈرىدىغان ماينى ئادەمنىڭ پېشانىسىغا سۈرتىدۇ. \+bd «مەدھىيە تونى»\+bd* ــ مۇشۇ «تون» پۈتۈن بەدەننى ئورايدىغان چوڭ بىر كىيىم بولۇپ، بەلكىم ھەممە غەشلىك كېتىپ، ئادەمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇش پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ»\+bd* ــ يۇقىرىدىكى 29:1-، 5:57-ئايەتتە، «چوڭ دەرەخلەر» بۇتپەرەسلىك قىلىنىدىغان جايلار ئىدى. ھازىر ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 4 ئۇلار قەدىمكى خارابزارلىقلارنى قايتىدىن قۇرىدۇ، \m ئەسلىدە ۋەيران قىلىنغان جايلارنى قايتىدىن تىكلەيدۇ، \m خارابە شەھەرلەرنى، دەۋردىن-دەۋرگە ۋەيرانلىقتا ياتقان جايلارنى يېڭىباشتىن قۇرىدۇ؛\x + \xo 61:4 \xt يەش. 58‏:12\x* \m \v 5 ياقا يۇرتلۇقلار تۇرغۇزۇلۇپ، پادىلىرىڭنى باقىدۇ؛ \m ياتلارنىڭ بالىلىرى قوشچىلىرىڭلار، ئۈزۈمچىلىرىڭلار بولىدۇ. \m \v 6 بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛ \m سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛ \m ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ، \m سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر.\f □ \fr 61:6 \ft \+bd «بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، «كاھىن»لار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتچىلەر بولۇپ، خەلقلەرگە ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەرخىل قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرگۈچى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ھۆكۈملىرىنى ئۆگىتىش ۋەزىپىسى بار ئىدى («مال.» 7:2). مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە، خۇدا «بارلىق خەلقىمنى ئۆزۈمگە ئاتاپ كاھىنلار قىلىمەن» دېگەنىدى («مىس.» 6:19). بىراق خەلقنىڭ كۆپىنچىسى ئىتائەتسىزلىك بىلەن مۇشۇ ۋەدىدىن مەھرۇم بولدى؛ پەقەت «لاۋىي» دېگەن قەبىلىدىكىلەر كاھىنلىق رولنى ئۆتىيەلىگەنىدى. بىراق مۇشۇ ئايەت بىزگە ئايان قىلىدۇكى، خۇدانىڭ ئەسلىدىكى نىشانى ھامان ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. \+bd «سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنىڭ شان-شەرەبلىرىدىن تەنتەنە قىلىسىلەر».\f*  \x + \xo 61:6 \xt 1پېت. 2‏:5، 9؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10\x* \m \v 7 خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ؛ \m رەسۋا قىلىنغانلىقنىڭ ئورنىغا ئۇلار تەقسىماتىدا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېمىنغا ئىككى ھەسسىلەپ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ \m مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق ئۇلارنىڭكى بولىدۇ.\f □ \fr 61:7 \ft \+bd «خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ»\+bd* ــ «ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر» توغرۇلۇق يەنە 40-باب، 2-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 8 چۈنكى مەن پەرۋەردىگار توغرا ھۆكۈم، ھەقىقەتنى ئەزىزلەيمەن؛ \m كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتا ھەرقانداق بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا نەپرەتلىنىمەن؛ \m مەن ئۇلارغا ھەقىقەت بىلەن تېگىشلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ \m مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزىمەن.\f □ \fr 61:8 \ft \+bd «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»\+bd* ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق پۈتۈن پېتى خۇداغا (تولۇق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن) ئاتاپ كۆيدۈرۈلەتتى. ئادەم (مەيلى بەرگۈچى، مەيلى كاھىن بولسۇن) قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ھېچ يېمەتتى. ئەگەر مۇشۇنداق قۇربانلىق قىلغاندا، بىرسى خۇدادىن بىر زەررىچىنى قالدۇرغان بولسا، بۇ «بۇلاڭچىلىق»قا باراۋەر ئىدى. ئەمدى تۆۋەندە، خۇدا ئۆزى ئىنسانىيەتكە، ئۆز خەلقىگە مەلۇم بىر نەرسىنى ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» توغرىسىدىكى مۇقەددەس قانۇنىغا ئۆزى بويسۇنغانغا ئوخشاش، ئۇ بەرگەن نەرسىدە قىلچە بىر كەملىك ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلغانلىرىدىن ھېچنەرسىنى قالدۇرمايدۇ.\f* \m \v 9 شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ داڭقى ئەللەر ئارىسىدا، \m پەرزەنتلىرىنىڭ داڭقى خەلقى-ئالەم ئارىسىدا چىقىدۇ؛ \m ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى تونۇپ ئېتىراپ قىلىدۇكى، \m «ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»». \f □ \fr 61:9 \ft \+bd «ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»\+bd* ــ «زەب.» 30:22-31نى كۆرۈڭ. يۇقىرىقى 59:21-ئايەتتە دېيىلگەن «ئەھدە»گە ئاساسەن، زىئوننىڭ نەسلى «مەسىھ»نىڭ روھى ھەم سۆز-كالامىغا ئىگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ 8- ھەم 9-ئايەتتە شۇ ئەھدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەتىجىسى يەنە كۆرسىتىلىدۇ.\f* \b \m \s1 مەسىھ يەنە سۆز قىلىدۇ \m \v 10 ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، \m جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ \m چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، \m توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، \m ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، \m ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.\f □ \fr 61:10 \ft \+bd «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن... ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.»\+bd* ــ مەسىھ خۇدانىڭ زىئون ھەم ئەل-يۇرتلارنى قۇتقۇزۇشتىكى خىزمىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ تەييارلىغان كىيىم-كېچەكنى قوبۇل قىلىدۇ. «توي قىلىدىغان يىگىت» ھەم «توي قىلىدىغان قىز» بولسا، ئەلۋەتتە ناھايىتى دىققەت بىلەن ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىمىنى كىيىدۇ. مۇشۇ كىيىم پەقەتلا مۇشۇ مەقسەت بىلەنلا كىيىلىدۇ؛ ئوخشاشلا مەسىھ «ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن» خۇشاللىق بىلەن خۇدا بەرگەن مەخسۇس كىيىمنى كىيىدۇ. مۇشۇ كىيىم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنى نىجات، مۇتلەق ھەققانىيلىقتىن ھەم «كاھىنلىق سەللە» (يەنى ئىنسان ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىكى رول)دىن ئىبارەتتۇر. دۇنيادا كىم مۇشۇنداق «كىيىم» كىيىۋالغان پېتى پەيدا بولسا، ھەربىر ئەقلى بار ئادەم ئۇنى خۇدا ئەۋەتكەن مەسىھ دەپ تونۇپ يېتىشى كېرەك.\f* \m \v 11 چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك، \m باغ ئۆزىدە تېرىلغانلارنى ئۈندۈرگىنىدەك، \m رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ». \f □ \fr 61:11 \ft \+bd «چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك،... رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئىش مەسىھنىڭ يەنە بىر خۇشاللىقىنىڭ سەۋەبى ــ ئۇنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؛ ئۇ نىجاتنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى گۇناھتىن قۇتقۇزىدۇ.\f* \b \b \m \c 62 \s1 مەسىھنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى \m \v 1 ــ «تاكى زىئوننىڭ ھەققانىيلىقى جۇلالىنىپ چاقناپ چىققۇچە، \m ئۇنىڭ نىجاتى لاۋۇلداۋاتقان مەشئەلدەك چىققۇچە، \m زىئون ئۈچۈن ھېچ ئارام ئالمايمەن، \m يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن؛ \m \v 2 ھەم ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، \m بارلىق پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ؛ \m ھەم سەن پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن ساڭا قويىدىغان يېڭى بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىسەن،\x + \xo 62:2 \xt يەش. 65‏:15\x* \m \v 3 شۇنداقلا سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا تۇرغان گۈزەل بىر تاج، \m خۇدايىڭنىڭ قولىدىكى شاھانە باش چەمبىرىكى بولىسەن. \m \v 4 سەن ئىككىنچى: «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن، \m زېمىنىڭ ئىككىنچى: «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛ \m بەلكى سەن: «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن، \m ھەم زېمىنىڭ: «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ، \m زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ.\f □ \fr 62:4 \ft \+bd «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خېفزىباھ». \+bd «نىكاھلانغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىيۇلاھ».\f* \m \v 5 چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك، \m ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛ \m توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك، \m خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ. \m \v 6 مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، \m ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ \m ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار!\f □ \fr 62:6 \ft \+bd «مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار!»\+bd* ــ مەسىھ مۇشۇ «كۆزەتچىلەر»نى، يەنى «پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچىلەر»نى ئۆزىگە ئوخشاش زىئون ئۈچۈن توختىماي دۇئا قىلىش خىزمىتىگە بېكىتكەن. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ (1-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 7 ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە، \m ئۇنى يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت-مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە، \m ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!». \m \v 8 پەرۋەردىگار ئوڭ قولى ھەم ئۆز كۈچى بولغان بىلىكى بىلەن مۇنداق قەسەم ئىچتى: ــ \m «مەن زىرائەتلىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئوزۇق بولۇشقا ئىككىنچى بەرمەيمەن؛ \m جاپا تارتىپ ئىشلىگەن يېڭى شارابنىمۇ ياتلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككىنچى ئىچمەيدۇ؛ \m \v 9 زىرائەتلەرنى ئورۇپ يىغقانلار ئۆزلىرىلا ئۇنى يەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ؛ \m \add ئۈزۈملەرنى\add* ئۈزگەنلەر مۇقەددەس ئۆيۈمنىڭ سەينالىرىدا ئۇلاردىن ئىچىدۇ». \m \v 10 ــ ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! \m خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! \m يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ \m تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار؛ \m خەلق-مىللەتلەر ئۈچۈن \add يول كۆرسىتىدىغان\add* بىر تۇغنى كۆتۈرۈڭلار.\f □ \fr 62:10 \ft \+bd «ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار»\+bd* ــ يولنى، ئىسرائىلدىكى تارقىلىپ كەتكەن، باشقا يۇرتلاردا سۈرگۈن بولغانلار، شۇنداقلا خۇدانى ئىزدىگەن مۇساپىرلار بىلەن بىللە زىئونغا كەلمەكچى بولغانلار ئۈچۈن تەييارلاڭلار، دېمەكچى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 62:10 \xt يەش. 40‏:3؛ 57‏:14\x* \m \v 11 مانا، پەرۋەردىگار جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ــ \m زىئون قىزىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ \m «قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ! \m قارا، ئۇنىڭ ئۆزى ئالغان مۇكاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە، \m ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.\f □ \fr 62:11 \ft \+bd «قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ!... ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ»\+bd* ــ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا قارىغاندا، مۇنۇ «نىجات-قۇتۇلۇش» \+bd بىر شەخس\+bd*، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ «ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپىتى» ھەم «ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى» 10- ھەم 12-ئايەتكە قارىغاندا دەل ئۆزى قۇتقۇزغان «خەلقىم» ھەم «خەلق-مىللەتلەر»دىن ئىبارەتتۇر.\f* \m \v 12 ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»، \m «پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛ \m سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن. \f □ \fr 62:12 \ft \+bd «ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»... دەيدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار» دەل 10-ئايەتتە دېيىلگەن، زىئونغا كەلمەكچى بولغان «خەلق» ھەم «خەلق-مىللەتلەر»دۇر. \+bd «سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»،... دەپ ئاتىلىسەن»\+bd* ــ «سەن» زىئوننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 63 \s1 «كۆزەتچىلەر» بىر ئادەمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ \m \v 1 «بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك، \m كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت، \m زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان، \m ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟» \m «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، \m قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن».\f □ \fr 63:1 \ft \+bd «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن»\+bd* ــ ئايەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى شۈبھىسىزكى، 10:61-11-ئايەتتە «قالتىس-كارامەت» كىيىم-كېچەك كىيىۋالغان»، ئۆزى (62-بابتا) كۆزەتچىلەرنى بېكىتكەن مەسىھدۇر. بىراق ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى باشقىچە كۆرۈنگەچكە، ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان چاغدا، ئۇلار ئۇنى تونىيالمىغان. \fp «بوزراھ» شەھىرى توغرۇلۇق يەنە -34بابنى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 2 «ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، \m قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟».\f □ \fr 63:2 \ft \+bd «ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟»\+bd* ــ مەسىھ كىيىۋالغان كىيىم ئەسلىدە «نىجاتنىڭ، ھەققانىيلىقنىڭ» كىيىمى (بەلكىم ئاپئاق) بولغاندىن كېيىن، «نېمىشقا قىزىل بولۇپ قالغان» ــ دەپ سورايدۇ.\f*  \x + \xo 63:2 \xt ۋەھ. 19‏:13\x* \m \v 3 «مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛ \m بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛ \m مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم، \m قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛ \m ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛ \m مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛\f □ \fr 63:3 \ft \+bd «مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم»\+bd* ــ «ئۇلار» (نىجاتنى رەت قىلغان) يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ (6-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 4 چۈنكى قەلبىمگە قىساس كۈنى پۈكۈلگەنىدى، \m شۇنداقلا مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىل كەلدى؛\f □ \fr 63:4 \ft \+bd «مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىلى»\+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلغان بەندىلىرى مۇشۇ دۇنيادىكى بارلىق بوزەك قىلىشلاردىن، بارلىق زىيانكەشلەردىن ئازاد قىلىنىپ ئەركىن بولۇش ۋاقتىدۇر. رەزىللەرنىڭ جازالىنىشى بىلەن ئۇلار ئەركىن بولىدۇ.\f*  \x + \xo 63:4 \xt يەش. 61‏:2\x* \m \v 5 مەن قارىسام، ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى؛ \m ھېچكىمنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى؛ \m شۇڭا ئۆز بىلىكىم ئۆزۈمگە نىجات كەلتۈردى؛ \m ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى؛\f □ \fr 63:5 \ft \+bd «ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، ئىنسانلارنى جازالاش خۇدا ھەم ئۇنىڭ مەسىھى ئۈچۈن كۆڭلىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان تەس بىر ئىشتۇر.\f*  \x + \xo 63:5 \xt يەش. 59‏:16\x* \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرتلارنى غەزىپىمدە دەسسىۋەتكەنمەن، \m قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم، \m قانلىرىنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم». \f □ \fr 63:6 \ft \+bd «قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم»\+bd* ــ بۇنداق «مەست قىلىش»نى چۈشىنىش ئۈچۈن، 51-باب، 17-، 21-22-ئايەتلەرنى يەنە كۆرۈڭ. خەلقلەرنى مەست قىلىدىغان شاراب «پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرىگە تولغان قەدەھ»تىكى «شاراب»تۇر.\f* \b \m \s1 «خۇدانى ئەسلەتكۈچى كۆزەتچى»لەردىن بىرى يەنە دۇئا قىلىدۇ \m \v 7 «مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ \m پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، \m ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، \m ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، \m پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، \m ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ \m \v 8 ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، \m ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، \m ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.\f □ \fr 63:8 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەر خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغنى ئىسرائىلنىڭ «تۇغۇلۇشى»، يەنى «يېڭى بىر خەلق، يېڭى بىر مىللەت» بولۇشى دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.\f* \m \v 9 ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ \m «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، \m ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ \m ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛ \f □ \fr 63:9 \ft \+bd «ئۇنىڭ (پەرۋەردىگارنىڭ) يۈزىدىكى پەرىشتىسى»\+bd* ــ مۇشۇ زات دەل تەۋرات-زەبۇردا كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 63:9 \xt قان. 7‏:7، 8، 9\x* \m \v 10 بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى؛ \m شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، \m ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى. \f □ \fr 63:10 \ft \+bd «بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزگە قارىغاندا «خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى» چوقۇم خۇدانىڭ ئۆزىدىن (دېمەك، خۇدائاتىدىن) ئايرىم بىر شەخسدۇر.\f*  \x + \xo 63:10 \xt چۆل. 14‏:11؛ زەب. 78‏:56-59؛ 95‏:9-11\x* \m \v 11 بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى. \m ئەمدى ئۆز \add پادىسى بولغانلارنى\add* پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟ \m ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟\f □ \fr 63:11 \ft \+bd «ئۆز پادىسى بولغانلار»\+bd* ــ ئىسرائىل خەلقى. \+bd «ئۆز... پادىچىلىرى»\+bd* ــ بولسا شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەر، ئاكىسى ھارۇن ھەم ئاچىسى مەريەم، شۇنداقلا بەلكىم يەشۇئا پەيغەمبەر ئىدى.\f* \m \v 12 ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى، \m ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ، \m ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى، \m \v 13 ئۇلارنى دالادا ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان ئاتتەك، \m ھېچ پۇتلاشتۇرماي ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۆتكۈزگۈچى قېنى؟\x + \xo 63:13 \xt زەب. 105‏:37\x* \m \v 14 ماللار جىلغىغا ئوتلاشقا چۈشكەندەك، \m پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇلارغا ئارام بەردى؛ \m سەن ئۆزۈڭ گۈزەل-شەرەپلىك بىر نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن، \m سەن مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ. \m \v 15 ئاھ، ئاسمانلاردىن نەزىرىڭنى چۈشۈرگىن، \m سېنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىڭ، گۈزەللىك-شەرىپىڭ تۇرغان ماكانىڭدىن \add ھالىمىزغا\add* قاراپ باق! \m قېنى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ!؟ \m ئىچىڭنى ئاغرىتىشلىرىڭ، رەھىمدىللىقلىرىڭ قېنى؟ \m ئۇلار ماڭا كەلگەندە بېسىلىپ قالدىمۇ؟\x + \xo 63:15 \xt قان. 26‏:15\x* \m \v 16 چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، \m ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، \m سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ \m سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ \m ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر.\f □ \fr 63:16 \ft \+bd «گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،...»\+bd* ــ ئىبراھىم ھەم ئىسرائىل (ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى) خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن كەتكەنىدى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ناۋادا ئاتىمىز ئىبراھىم ياكى ئىسرائىل (يەنى ياقۇپ) مۇشۇ ئالەمدە تېخى تۇرغان بولسا، بىزنىڭ ناچار ئەھۋالىمىزنى، ئەخلاقسىزلىقىمىزنى، پەزىلەتسىزلىكىمىزنى كۆرۈپلا ئىنتايىن بىزار بولۇپ: «مۇشۇ خەلق بىزنىڭ ئەۋلادىمىز بولمىسا كېرەك» ــ دەپ بىزلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مۇمكىن، دېمەكچى.\f* \m \v 17 ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ \m نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! \m قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، \m يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن! \m \v 18 مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا \add تەۋەلىكىگە\add* ئىگە بولالىغان؛ \m دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛\f □ \fr 63:18 \ft \+bd «دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى»\+bd* ــ يەشايانىڭ ئۆمرىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسى تېخى مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بۇ بېشارەتتە ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋرنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى كېرەك. يېرۇسالېمدىكى شۇ ئىبادەتخانا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى ۋەيران قىلىندى. بېشارەت مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ بولىدىغان ھېسسىياتلىرىنى، ئارزۇ-خىياللىرىنى ھەم دۇئالىرىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 63:18 \xt زەب. 74‏:3-8\x* \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەن ئىدارە قىلىپ باقمىغان، \m سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان بىر خەلقتەك بولۇپ قالدۇق! \b \b \m \c 64 \s1 دۇئانىڭ داۋامى \m \v 1‏-2 ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، \m يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! \m تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى! مانا مۇشۇنداق بولغاندا تۇتۇرۇققا ئوت ياققاندەك، \m ئوت سۇنى قايناتقاندەك، \m سەن نامىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئايان قىلغان بولاتتىڭ، \m ئەللەر يۈزۈڭدىنلا تىترەپ كېتەتتى!\f □ \fr 64:1‏-2 \ft \+bd «ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشسەڭ ئىدىڭ! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى!».\f* \m \v 3 سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، \m سەن چۈشكەنىدىڭ؛ \m يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى!\f □ \fr 64:3 \ft \+bd «يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى!»\+bd* ــ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، خۇدا ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇقەددەس قانۇن-پەرمانلىرىنى بەرگەن ۋاقتىدا، سىناي تاغلىرى شۇنداقلا ئېرىپ كەتتى. يەشايا پەيغەمبەر بەلكىم مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f* \m \v 4 سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى، \m ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، \m قۇلاققا يېتىپ باقمىغان، \m كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر!\x + \xo 64:4 \xt زەب. 31‏:19،20؛ 1كور. 2‏:9\x* \m \v 5 سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ، \m يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛ \m بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ، \m بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛ \m ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولىۋەردى؛ \m ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ \m \v 6 ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، \m قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ \m ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، \m قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى.\x + \xo 64:6 \xt زەب. 90‏:5-8\x* \m \v 7 سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى، \m ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛ \m چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ، \m قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ. \m \v 8 بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ \m بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛ \m ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛ \m \v 9 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، \m قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ \m مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز!\x + \xo 64:9 \xt زەب. 79‏:8\x* \m \v 10 مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال، \m زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛ \m يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛ \m \v 11 ئاتا-بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي، \m پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛ \m قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى.\f □ \fr 64:11 \ft \+bd «...پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆيىمىز» مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە. «ئۆي» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى بولسا، خۇدانىڭ ئەسلى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئىبادەتخانىسىدا) تۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىز»نىڭ ئەڭ ئېسىلى بولسا يەنىلا ئىبادەتخانىدىكى بۇيۇم-جابدۇقلار بولغانىدى. \fp بابىللىقلارنىڭ يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلغانلىقى بەلكىم مۇشۇ بېشارەتتىن كېيىنكى 100 يىل ئەتراپىدا بولدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى). مۇشۇ ئايەتتە، پەيغەمبەر (15:63-19-ئايەتلەردىكى ئەھۋالغا ئوخشاش) ئۆزى ئاشۇ دەۋردە تۇرغاندەك سۆز قىلىدۇ؛ ئۇ ئاشۇ دەۋردىكىلەرگە ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلىدۇ.\f* \m \v 12 مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟ \m سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟ \m بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرىۋېرەمسەن؟» \b \b \m \c 65 \s1 خۇدانىڭ دۇئاغا بەرگەن جاۋابى •••• «يېڭى ئىشلار»، يېڭى ئاسمان-زېمىن \m \v 1 ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ \m مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. \m مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم. \m \v 2 بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان، \m ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، \m ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم.\f □ \fr 65:2 \ft \+bd «يامان يولدا ماڭىدىغان...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس يولدا ماڭىدىغان...».\f* \m \v 3 يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، \m ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ، \m كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛\f □ \fr 65:3 \ft \+bd «(ئۇلار)... باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ...»\+bd* ــ باغلار پات-پات «بائال» دېگەن بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار بولۇپ قالاتتى. قۇربانلىقنى بولسا پەقەت ئىبادەتخانىدىلا قىلسا بولاتتى؛ ئۇنىڭدىن باشقا «قۇربانگاھ»لارنى پەقەت تاشلار ياكى تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي ماتېرىياللاردىنلا ياسىغىلى بولاتتى. \+bd «ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ...»\+bd* ــ ياكى «خۇشبۇينى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ».\f* \m \v 4 ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، \m مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛ \m ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ، \m قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار.\f □ \fr 65:4 \ft \+bd «ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ مازارلاردا، «مەخپىي جايلار»دا ئولتۇرۇپ تۈنەشتىكى مەقسىتى، شۈبھىسىزكى، «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھلىرى»غا دۇئا قىلىپ ئالاقىلىشىش، شۇنداقلا جىن-شەيتانلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇش تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.\f* \m \v 5 ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، \m ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ \m چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ \m مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، \m كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر! \m \v 6‏-7 مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ \m مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ \m بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، \m شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، \m دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن، \m ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ \m بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن.\f □ \fr 65:6‏-7 \ft \+bd «سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن»\+bd* ــ تاغلارنىڭ چوققىلىرى ياكى دۆڭلەر پات-پات بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار بولۇپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەيغەمبەر تاغ ياكى دۆڭلەر ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىشنىمۇ مەنئى قىلغان. ئايەتتە كۆرسىتىلگەن مۇشۇ قىلمىشلىرى، شۈبھىسىزكى، بۇتپەرەسلىك ئىدى. \+bd «بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەرھەق، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرۇۋېتىش مېنىڭ بىرىنچى ئىشىمدۇر».\f* \m \v 8 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، \m خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك، \m مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى، \m ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن. \f □ \fr 65:8 \ft \+bd «ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك،...»\+bd* ــ قانائاندا (پەلەستىندە) ئۈزۈمدىن «ئۆزى چىققان» شىرنە بولسا ئىنتايىن ئەتىۋارلىنىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇنىڭدىن ئىشلىنىدىغان شاراب ئىنتايىن مېزىلىك بولىدۇ. شۇڭا مەلۇم بىر ساپ ئۈزۈمدىن مۇشۇ «سارقىندى شاراب» چىققانلىقى بايقالسا، ئۇ باشقا ئۈزۈم ساپاقلىرى بىلەن قوشۇپ چەيلىۋېتىلمەيدۇ، «شىرنە چىققۇچە» ئايرىم قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۆزىگە سادىق بولغان «قالدىلار» ئىسرائىلدا بار بولسىلا، ئۇلارنى يوقاتمايدۇ. بىز يۇقىرىقى بابلاردىن بىلىمىزكى، مۇشۇ «ئىگىدار» نەسىل (9-ئايەت) دەل «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭكى، يەنى مەسىھنىڭ نەسلىدۇر.\f* \m \v 9 شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، \m يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛ \m شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم \add زېمىنغا\add* ئىگە بولىدۇ، \m مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ.\f □ \fr 65:9 \ft \+bd «مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا «قالدىسى»دىن، ئۆزىگە سادىق يېڭى بىر دەۋرنى چىقىرىدۇ، ئۇلارنى «مۇقەددەس زېمىن»غا ئىگە قىلىدۇ.\f* \m \v 10 مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن، \m شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، \m ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ.\f □ \fr 65:10 \ft \+bd «شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ»\+bd* ــ شارون بولسا پەلەستىننىڭ غەرب تەرىپىدە، ئەسلى ئىنتايىن مۇنبەت جاي ئىدى. شۇ رايون بەلكىم ئاسۇرىيە (ھەم كېيىنكى بابىللىقلارنىڭ) بۇلاڭچلىقلىرى تۈپەيلىدىن قاقاسلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاخور بولسا شەرقىي تەرەپتە بولۇپ ئانچە مۇنبەت ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئاخوردا خۇداغا قاتتىق ئاسىيلىق قىلغانىدى (تەۋراتتىكى «يەشۇئا» 7-بابنى كۆرۈڭ). بىراق ھازىر ئۇ خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىماي، مۇنبەت بولۇپ كېتىدۇ. پەلەستىندىكى بۇ ئىككى جاي ھەم ئارىلىقىدىكى بارلىق پەلەستىن زېمىنلىرى غەربتىن-شەرققىچە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، بەلكى تېخىمۇ ئاۋات ئەھۋالغا كەلتۈرۈلىدۇ، دېمەكچى.\f* \m \v 11 بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، \m مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى، \m «تەلەي» \add دېگەن بۇت\add* ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى، \m «تەقدىر» \add دېگەن بۇت\add* ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر،\f □ \fr 65:11 \ft \+bd «تەلەي»...«تەقدىر»...\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «گاد» دېيلىدۇ) سۇرىيەدىكى بىر بۇت. «تەقدىر» يەنە بىر بۇت ــ ئەسلى ئىبرانىي تىلىدا «مەنىي»؛ بۇنىڭ مەنىسى «تەقدىر» «تەقسىمات، سانىلىش» ئىدى.\f* \m \v 12 مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، \m سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ \m چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ \m مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ \m ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، \m مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر. \m \v 13 شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، \m سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ \m مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، \m بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ \m مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، \m سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛ \m \v 14 مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ، \m سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر، \m روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر. \m \v 15 ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. \m رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، \m ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ. \m \v 16 شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، \m «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛ \m كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، \m ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ \m چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، \m چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم.\f □ \fr 65:16 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئۆز قۇللىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى (8-14-ئايەتتىكى) ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرگەن خەقلەر خۇدانى بولسا «ئامىن» دېگۈچى خۇدا (ياكى «ئامىن»نىڭ ئىگىسى خۇدا»)، يەنى مۆمىن بەندىلىرىنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلايدىغان خۇدا، دەپ بىلىدۇ. «ئامىن» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى توغرۇلۇق «تەبىرلەر»، شۇنداقلا «2كور.» 20:1نىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم»\+bd* ــ خۇدانىڭ سەلتەنىتىدە بولغانلار بۇرۇنقى (بولۇپمۇ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان) دەرد-ئەلەملەرنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى ئۇلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.\f* \m \v 17 چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ \m ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، \m ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ. \m \v 18 ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ \m مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، \m چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، \m ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن. \m \v 19 ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، \m شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ \m ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، \m نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛\f □ \fr 65:19 \ft \+bd ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ»\+bd* ــ «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم» توغرۇلۇق ئازراق توختىتايلى. ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» دېگەن قىسىمغا ئاساسەن بىلىمىزكى، مەسىھ \+bd مۇشۇ دۇنيادا\+bd* مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. شۇ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدەك بولىدۇ. ئۇ تېخى ئاخىرقى «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن» ئەمەس؛ چۈنكى مۇشۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئۆلۈم دېگەن ئىش (مەيلى ئادەملەر ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولسىمۇ) تېخى مەۋجۇت؛ گۇناھ تېخى مەۋجۇت؛ \+bd ئاخىرقى\+bd* «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن» مەڭگۈلۈك بولىدۇ؛ ئۇلاردا ئۆلۈممۇ يوق، گۇناھ يوق. ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» 21-22-بابلارنى كۆرۈڭ. مەسىھ مۇشۇ دۇنيادا مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم» بىزنىڭ مەڭگۈلۈك «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە زور ياردەم بېرىدۇ؛ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش يەرلىرى كۆپ (مەسىلەن، قورقۇنچ، دەرد-ئەلەم يوقىتىلغانلىقى)؛ خۇدا زامانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مىڭ يىللىق «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم»نى مەڭگۈلۈك «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم»غا ئايلاندۇرىدۇ. \fp مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق سەلتەنىتى توغرىسىدا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 20 ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ، \m ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛ \m يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ، \m شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 65:20 \ft \+bd «شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى چوڭ ياشتىلا ئۆلىدىغان بولغاچقا، «يۈز ياشتا ئۆلگەن» بولسا، پەقەتلا «ناھايىتى بىر يىگىت» دەپ قارىلىدۇ؛ خەقلەر ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلىپ قالسا، ئۇنى «شۇنچە ياش تۇرۇپلا ئۆلگەن، چوقۇم خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بولسا كېرەك» دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 21 ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛ \m ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛ \m \v 22 ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ \m تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛ \m چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛ \m مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ.\f □ \fr 65:22 \ft \+bd «ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدا باشقىلار تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ تىككىنىدىن باشقىلار يەيدىغان ھالەت بولمايدۇ». \+bd «دەرەخنىڭ ئۆمرى»\+bd* ــ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئۇزۇن بولىدۇ؛ دەرەخنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مۇقىم، پۇختا ياشايدۇ؛ سۆزلەر مۇشۇ جەھەتنىمۇ ئىچىگە ئالسا كېرەك. \+bd «...ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرى ئۆزى ئۇپرايدۇ» ــ دېمەك، پۈتۈن ئۆمرىدە تولۇق ئىشلىتىدۇ.\f* \m \v 23 ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛ \m ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر، \m ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق.\f □ \fr 65:23 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان (زات)نىڭ نەسلىدۇر». مۇشۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا «پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان (زات)» مەسىھنى كۆرسەتكەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 24 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، \m ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، \m مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ \m ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، \m مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن. \m \v 25 بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛ \m شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛ \m يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ. \m مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ \m ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. \f □ \fr 65:25 \ft \+bd «يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ»\+bd* ــ ئېرەن باغچىسىدا خۇدا يىلانغا: «توپا-چاڭنى يەيسەن» دېگەن لەنەتنى چۈشۈرگەنىدى. بىراق ھازىر ئۇنىڭ يېگەنلىرى \+bd پەقەت\+bd* توپا-چاڭ بولىدۇ؛ ئۇ ھېچ ئادەم ياكى باشقا ھايۋانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.\f*  \x + \xo 65:25 \xt يەش. 11‏:6، 7، 8، 9؛ مات. 18‏:3\x* \b \b \m \c 66 \s1 خۇدانىڭ جاۋابى ــ داۋامى \m \v 1 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، \m زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، \m ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ \m ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟\f □ \fr 66:1 \ft \+bd «زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر»\+bd* ــ «تەختىپەر» پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغاندا ئاياغلىرىنى دەسسەتكەن كىچىك ئورۇندۇق. \+bd «ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟»\+bd* ــ بىرىنچى ئايەت بەلكىم خۇدانىڭ 64-باب، 11-ئايەتتىكى سوئالغا بېرىدىغان ئاساسىي جاۋابى. خۇدا «ئىبادەتخانا»نى ئانچە مۇھىم دەپ قارىمىسىمۇ، ئىنسانلار ئۆزىگە ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنى چوقۇم كەمسىتىدۇ دېگىلى بولمايدۇ (20- ھەم 2-ئايەتكە قارىغاندا، كەلگۈسىدىكى «مىڭ يىللىق سەلتەنىتى»دە بىر «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» بولىدۇ؛ بىراق خۇدانىڭ نەزىرى (2-ئايەتكە ئاساسەن) ھېچقانداق ئۆي-ئىمارەتتە ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن قورقىدىغان مۆمىن بەندىلىرىدە تۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 66:1 \xt 1پاد. 8‏:27؛ 2تار. 6‏:18؛ روس. 7‏:48،49؛ 17‏:24\x* \m \v 2 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ \m لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: \m ــ مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، \m سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن. \m \v 3 كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، \m قوزىنى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ \m ماڭا ھەدىيە تۇتقۇچى چوشقا قېنىنىمۇ تۇتۇپ بەرمەكچىدۇر؛ \m دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ \m بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، \m كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ.\f □ \fr 66:3 \ft \+bd «كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، ... دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى كىشىلەر كۆرۈنۈشتە خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلار كالا-قوزىنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ، «ئاشلىق ھەدىيە» قىلىدۇ، خۇشبۇينىمۇ خۇداغا ئاتاپ ياقىدۇ؛ بىراق بۇنداق قىلىشلىرى بىلەن تەڭ ئۇلار قاتىللىق قىلىدۇ، خۇراپىي ئىشلارنى قىلىدۇ (ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇش)، بۇتلارغا چوقۇنۇپ ھارام قۇربانلىقلارنىمۇ قىلىدۇ.\f* \m \v 4 شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تاللايمەن؛ \m ئۇلار دەل قورقىدىغان ۋەھىمىلەرنى بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ \m چۈنكى مەن چاقىرغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى؛ \m مەن سۆز قىلغىنىمدا، ئۇلار قۇلاق سالمىدى؛ \m ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلدى، \m مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىدى».\x + \xo 66:4 \xt پەند. 1‏:24؛ يەش. 65‏:12؛ يەر. 7‏:13\x* \m \v 5 «ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، \m ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ \m «سىلەرنى نامىمغا \add سادىق بولغانلىقىڭلار\add* تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، \m يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: ــ \m «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، \m شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» ــ دېدى؛ \m بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ.\x + \xo 66:5 \xt يەش. 5‏:19\x* \m \v 6 ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! \m ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! \m ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە \add يامانلىقلىرىنى\add* قايتۇرۇۋاتىدۇ!» \f □ \fr 66:6 \ft \+bd «ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە يامانلىقلىرىنى قايتۇرۇۋاتىدۇ!»\+bd* ــ بۇ بېشارەت يەشايانىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى يېرۇسالېم، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى) ھەم بەلكىم ئاخىرقى زامانلاردىكى ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلۇشى \m \v 7 ــ تولغىقى تۇتمايلا ئۇ بوشىنىدۇ؛ \m ئاغرىقى تۇتمايلا، ئوغۇل بالا تۇغىدۇ!\x + \xo 66:7 \xt ۋەھ. 12‏:1-6\x* \m \v 8 كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ \m كىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باققان؟ \m زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ \m دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ \m چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى!\f □ \fr 66:8 \ft \+bd «كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ ... زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى!»\+bd* ــ مۇشۇ 7- ھەم 8-ئايەتتە ئېيتىلغان ئىشلار بىراقلا يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن (6-ئايەت) ئاخىرقى زاماندا «زىئون-ئىسرائىل توۋا قىلىپ يېڭىدىن تۇغۇلۇشى» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا ھەقىقىي «ئۆز خەلقىم» بولۇشىغا ئاتلاپ ئۆتىدۇ.\f* \m \v 9 بىرسىنى بوشىنىش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسام، مەن بالىنى چىقارغۇزماي قالامتىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m مەن ئۆزۈم تۇغدۇرغۇچى تۇرسام، بالىياتقۇنى ئېتىۋېتەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ خۇدايىڭ. \m \v 10 يېرۇسالېم بىلەن بىللە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار؛ \m ئۇنى سۆيگۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىنىڭلار! \m ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەر، \m ئۇنىڭ بىلەن بىللە شادلىق بىلەن شادلىنىڭلار! \m \v 11 چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ تەسەللى بېرىدىغان ئەمچەكلىرىدىن ئېمىپ قانائەتلىنىسىلەر؛ \m چۈنكى سىلەر قانغۇچە ئىچىپ چىقىسىلەر، \m ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ».\f □ \fr 66:11 \ft \+bd «ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇنىڭ شەرەپلىك باغىر-كۆكسىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ».\f* \m \v 12 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مەن ئۇنىڭغا تاشقان دەريادەك ئارام-خاتىرجەملىكنى، \m تېشىپ كەتكەن ئېقىمدەك ئەللەرنىڭ شان-شەرەپلىرىنى سۇنۇپ بېرىمەن؛ \m سىلەر ئېمىسىلەر، \m سىلەر يانپاشقا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىسىلەر، \m ئېتەكتە ئەكىلىتىلىسىلەر.\x + \xo 66:12 \xt يەش. 49‏:22؛ 60‏:4\x* \m \v 13 خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، \m مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ \m سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر. \m \v 14 سىلەر بۇلارنى كۆرگەندە كۆڭلۈڭلار شادلىنىدۇ، \m سۆڭەكلىرىڭلار يۇمران ئوت-چۆپتەك ياشناپ كېتىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۆز قۇللىرىغا ئايان قىلىنىدۇ، \m ئۇ دۈشمەنلىرىگە قەھرىنى كۆرسىتىدۇ. \m \v 15 چۈنكى غەزىپىنى قەھر بىلەن، \m تەنبىھىنى ئوت يالقۇنلىرى بىلەن چۈشۈرۈشى ئۈچۈن، \m مانا، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن كېلىدۇ، \m ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قۇيۇندەك كېلىدۇ. \m \v 16 چۈنكى ئوت بىلەن ھەم قىلىچ بىلەن پەرۋەردىگار بارلىق ئەت ئىگىلىرىنى سوراق قىلىپ جازالايدۇ؛ \m پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر نۇرغۇن بولىدۇ. \m \v 17 «باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ، \m ئۆزلىرىنى ئايرىم تۇتۇپ، \m ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىنىڭ گېپىگە كىرگەنلەر، \m شۇنداقلا چوشقا گۆشىنى، يىرگىنچلىك بولغاننى، جۈملىدىن چاشقانلارنى يەيدىغانلار بولسا جىمىسى تەڭ تۈگىشىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 66:17 \ft \+bd ««باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ،...»\+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، مۇشۇ «پاكىزلىنىش» ئىشلىرىنى قىلىدۇ. \+bd «ئوتتۇرىدا تۇرغۇچى»\+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىكتە يېتەكچىلىك «پىر» رولىنى ئالغۇچى.\f* \m \v 18 چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر؛ \m بىراق بارلىق ئەللەر، ھەممە تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ مېنىڭ شان-شەرىپىمنى كۆرىدۇ؛ \f □ \fr 66:18 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى يېرىمىنى تەرجىمە قىلىش تەس. ئالىملار پەقەت ئۇنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك پەرەز قىلىدۇ.\f* \m \v 19 ۋە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كارامەت بەلگىنى تىكلەيمەن؛ \m ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن؛ \m نام-شۆھرىتىمنى ئاڭلىمىغان، شان-شەرىپىمنى كۆرۈپ باقمىغان تارشىشقا، لىۋىيەگە، ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان لۇدقا، تۇبال، گرېتسىيەگە ھەم يىراق چەتلەردىكى ئاراللارغا ئۇلارنى ئەۋەتىمەن؛ \m ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى جاكارلايدۇ.\f □ \fr 66:19 \ft \+bd «ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ «ئۇلاردىن» دېگەنلىك: (1) 16-ئايەتتە ئېيتىلغان جازالىرىدىن («ئوت ھەم قىلىچ»تىن) ياكى (2) «يات ئەللەر ئارىسىدىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەم قېچىپ ھايات قالغانلاردىن بەزىلىرىنى (يات) ئەللەرگە ئەۋەتىمەن». \+bd «تارشىش»...«لۇد»... «تۇبال»...\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈن دۇنيادىكى يۇرتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «تارشىش» ئۈچۈن 60-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ؛ «لۇد» بولسا بەلكىم شىمالىي ئافرىقىدا؛ تۇبال بەلكىم ھازىردىكى رۇسىيەنى كۆرسىتىدۇ (بەلكىم رۇسىيەنىڭ كونا پايتەختى «توبولسك» بىلەن مۇناسىۋىتى بار). \fp نېمىشقا «لۇد» توغرۇلۇق «ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان» دېيىلىدۇ؟ پەرىزىمىزچە، خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ خىزمىتىنىڭ خەتەرى بار، دەپ كۆرسەتمەكچى.\f* \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار «ئاشلىق ھەدىيە»نى پاكىز قاچىلارغا قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندەك، \m شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ؛ \m ئۇلارنى ئاتلارغا، جەڭ ھارۋىلىرىغا، سايىۋەنلىك ھارۋا-زەمبىللەرگە، قېچىرلارغا ھەم نار تۆگىلەرگە مىندۈرۈپ مۇقەددەس تېغىمغا، يەنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 66:20 \ft \+bd «شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە «شۇلار» خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى قوبۇل قىلغان «يات ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇشال بولۇپ، خۇدانىڭ شاپائىتىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، تارقىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز يۇرتى يېرۇسالېمغا قايتىشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك دەپ ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن سەپەردە ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولىدۇ.\f* \m \v 21 ھەم مەن ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كاھىنلار ھەم لاۋىيلار بولۇشقا تاللايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 66:21 \ft \+bd «كاھىنلار»\+bd* ــ «كاھىنلار»نىڭ خەلققە ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈش خىزمىتى بار ئىدى. \+bd «لاۋىيلار»\+bd* ــ كاھىنلارنىڭ ياردەمچىلىرى. دېمەك، مۇشۇ «يەھۇدىي ئەمەس»لەر ئىسرائىل ئىچىدە ئىنتايىن ئىمتىيازلىق ئورۇندا ۋە ۋەزىپىدە بولىدۇ.\f* \m \v 22 چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، \m سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ.\f □ \fr 66:22 \ft \+bd «يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن»\+bd* ــ بۇ تېما توغرۇلۇق 17:65-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ\f*  \x + \xo 66:22 \xt يەش. 65‏:17؛ 2پېت. 3‏:13؛ ۋەھ. 21‏:1\x* \m \v 23 ھەم شۇنداق بولىدۇكى، يېڭى ئايمۇ يېڭى ئايدا، \m شابات كۈنىمۇ شابات كۈنىدە، \m بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 66:23 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ «دەم ئېلىش مۇقەددەس كۈنى» يەنى شەنبە كۈنى. يۇقىرىقى 56-باب، 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ»\+bd* ــ پۈتكۈل ئىنسانىيەت قىلغان مۇشۇ ئىبادەت ئىچىدە، يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت بولسا بەلكىم ۋەكىل بولغانلار ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جەسەتلەرگە گۇۋاھچى بولغانلار (24-ئايەت) مۇشۇ ۋەكىللەر بولۇشى كېرەك.\f* \m \v 24 ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرتقا چىقىپ، \m ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىگە قارايدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلارنى يەۋاتقان قۇرتلار ئۆلمەيدۇ؛ \m ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ؛ \m ئۇلار بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە يىرگىنچلىك بىلىنىدۇ.