\id HOS \h ھوشىيا \toc1 ھوشىيا \toc2 ھوشىيا \toc3 ھوش. \mt1 ھوشىيا \c 1 \s1 1-قىسىم •••• ھوشىيا پەيغەمبەرنىڭ پاھىشە بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشى \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا...»\+bd* ــ «ئىسرائىل» بۇ كىتابتا ئادەتتە ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ھوشىيانىڭ بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر. بەزى ۋاقىتلاردا «ئىسرائىل» تولۇق ئون ئىككى قەبىلە (جۈملىدىن يەھۇدا)نى ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئىزاھلاپ قويىمىز. \fp بۇ كىتابتا ئىسرائىلنىڭ يەروبوئامدىن كېيىنكى پادىشاھلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. پەيغەمبەر بەلكىم ئۇلارنى تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ \m پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى. \f □ \fr 1:2 \ft \+bd «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن»\+bd* ــ بالىلار تېخى تۇغۇلمىغانىدى. بىراق ئۇنىڭ كېيىن تۇغۇلغان ئۈچ بالىسىدىن ئىككىسى گومەرنىڭ پاھىشىلىكىدىن بولغان.\f* \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. \b \m \v 4 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن. \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن»\+bd* ــ «يىزرەئەل» «خۇدا تېرىغان» ياكى «خۇدانىڭ تېرىغىنى» دېگەن مەنىدە، ۋە يەنە «خۇدا تارقىتىدۇ» دېگەن مەنىدە. \fp ئىسرائىلنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى «يىزرەئەل» دېگەن جىلغىدا دەھشەتلىك بىر قىرغىنچىلىق بولغان. يەھۇ ئىسىملىك بىر سەردار ئىسرائىلنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھى يەھورامنى ۋە ئوردىدىكىلەرنى، جۈملىدىن رەزىل خانىش يىزەبەلنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىشلار خۇدانىڭ يەھورام ئۈستىگە بولغان جازاسى بولغىنى بىلەن، يەھۇ ئۇچىغا چىققان قانخور ئادەم بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان جازالىق ۋەزىپىسىدىن ھالقىپ نۇرغۇن گۇناھسىز ئادەملەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. گەرچە بۇ ئىش 100 يىل ئىلگىرى بولغان بولسىمۇ، ئىسرائىل ئۇنىڭ گۇناھلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان (تەۋرات، «پادىشاھلار» 9-10-باب). «يىزرەئەل» جىلغىسى گىدېئون ھاكىم بولغان ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ شانلىق بىر غەلىبىسىنىڭ سورۇنى ئىدى («ھاك.» 6-7-باب)، بۇ جاي يەھۇنىڭ ۋاقتىدا قىرغىن سورۇنى بولغان، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سورۇنى بولىدۇ.\f* \v 5 ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن».\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئىسرائىلنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ، يىزرەئەل جىلغىسىنى ئىشغال قىلىپ، بارلىق شىماللىقلارنى، جۈملىدىن گىلېئاد ۋە گالىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. شۇ ۋەقەلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىي كۈچى («ئوقياسى») سۇندۇرۇۋېتىلدى.\f* \b \m \v 6 \add گومەر\add* يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ \f □ \fr 1:6 \ft \+bd «گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن»... دېدى\+bd* ــ «لو-رۇھاماھ» «رەھىم قىلىنمىغان (قىز)» دېگەن مەنىدە. \fp \fp «گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى». بۇ ئايەتتە 3-ئايەتتىكىگە ئوخشاش «ئۇنىڭىن ... تۇغدى» دېگەن بىر ئىبارە بولمىغاچقا «لو-رۇھاماھ» ھوشىيانىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس ئىدى.\f* \v 7 بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن»\+bd* ــ بۇ بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنىنىڭ يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداق بولسىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاسۇرىيەنى (دەرۋەقە ھېچ جەڭ بولمايلا) يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى). بۇ ئايەتنىڭ قىزىق بىر يېرى شۇكى، پەرۋەردىگار «پەرۋەردىگار ئارقىلىق» بۇ ئىشنى قىلىدۇ. دېمەك «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نىڭ ئۆزىنى خۇدا دېيىشكە بولىدۇ. باشقا يەردە سۆھبەتلەشكىنىمىزدەك، ئىشىنىمىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەل خۇدانىڭ «كالامى» ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر («يەش.» 36-38-بابلارنى كۆرۈڭ). مەزكۇر بېشارەتنىڭ بىر نەتىجىسى بەلكىم ئىسرائىلدا تۇرغان بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر يەھۇدا زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئولتۇراقلاشقان بولسا كېرەك.\f* \m \v 8 گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛ \v 9 \add رەب\add*: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە \add پەرۋەردىگار\add* بولمايمەن» دېدى.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «رەب: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن»... دېدى»\+bd* ــ «لو-ئاممى» «مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن مەنىدە. بۇ ئىسىم گومەرنىڭ بالىسىنىڭ باشقا ئەردىن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك خۇدا ئالدىدا ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. «مەن ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار بولمايمەن» (ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن بولمايمەن» ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» بولمايمەن») دېگەن ئىبارە، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان ئۆز نامىنى، يەنى «ياھۋەھ» («مەن ئۆزۈمدۇرمەن»)نى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، «مەن سىلەردىن خەۋەر ئالىدىغان خۇدايىڭلار بولمايمەن».\f* \b \m \s1 ھوشىيا ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى بەختى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ \m \v 10 ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «\add سىلەر\add* تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ. \x + \xo 1:10 \xt يار. 32‏:11؛ رىم. 9‏:25، 26\x* \v 11 ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! (\add مېنىڭ خەلقىم\add*!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! (\add رەھىم قىلىنغان\add*!)» ــ دەڭلار!\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «تۇرغان زېمىن»\+bd* ــ ئىسرائىللار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىن بولسا كېرەك. \+bd «تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ»\+bd* ــ ياكى «تۇرغان زېمىندا ياشىنىدۇ». \+bd «يىزرەئەلنىڭ كۈنى»\+bd* ــ بۇ كۈننىڭ نېمە ئىكەنلىكى 14:2-23ئايەتتە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 1:11 \xt يەش. 11‏:13؛ يەر. 3‏:18؛ ئ‍ەز. 37‏:16، 22؛ ئ‍ەف. 2‏:14، 15، 16\x* \b \b \m \c 2 \s1 ئىسرائىلغا قىلىنغان تەربىيىلىك جازا ــ خۇدانىڭ سۆزىنىڭ داۋامى \m \v 1‏-2 ــ ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن!\f □ \fr 2:1‏-2 \ft \+bd «ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن!»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ بۇ سۆزلەر ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئۆز بالىلىرىغا ھەمدە خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئېيتقانلىرىدۇر. تۆۋەندىكى سۆزلەر (14-3) ئاساسەن خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان سۆزلىرى ــ بىراق بەزىلىرى پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ.\f* \m \v 3 بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛ \m مەن ئۇنى خۇددى چۆل-باياۋانغا ئوخشاش قىلىمەن، \m ئۇنى بىر قاغجىراق يەرگە ئايلاندۇرىمەن، \m ئۇنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ \m \v 4 ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار پاھىشىلىكلەردىن تۆرەلگەن بالىلاردۇر. \m \v 5 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان، \m ئۇلارنى قارنىدا كۆتۈرگۈچى نومۇسسىزلىق قىلغان؛ \m چۈنكى ئۇ: «مەن ماڭا نان ۋە سۈيۈمنى، يۇڭ ۋە كاناپىمنى، زەيتۇن مېيىم ۋە ئىچىملىك-شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «ئىچىملىك-شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن»\+bd* ــ «ئاشنىلىرىم» ئىسرائىل چوقۇنغان ھەرخىل بۇتلارنى، بولۇپمۇ «بائال»لارنى كۆرسىتىدۇ. نادان ئىسرائىل ئاش-تائام ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى خۇدا ئەمەس، بەلكى بۇ بۇتلار تەمىنلەيدۇ، دەپ قارايتتى.\f* \m \v 6 ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن-جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن، \m \add ئىسرائىلنىڭ\add* ئەتراپىنى تام بىلەن توسىمەن، ئۇ چىغىر يوللىرىنى تاپالمايدىغان بولىدۇ. \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛ \m ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ \m شۇڭلاشقا ئۇ: «مەن بېرىپ بىرىنچى ئېرىمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمەن؛ چۈنكى ئەھۋالىم بۈگۈنكىدىن ياخشى ئىدى» ــ دەيدۇ. \m \v 8 ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، \m ئۆزلىرى «بائال» بۇتلارنى ياساشقا ئىشلەتكەن كۈمۈش-ئالتۇننى كۆپ قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى زادى بىلمىدى. \m \v 9 شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا، \m يېڭى شارابلىرىمنى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ كېتىمەن، \m ئۆزۈمدىكى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىشقا كېرەكلىك يۇڭ-كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن؛\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ... ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈمدىكى ... يۇڭ-كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن»\+bd* ــ ئىسرائىللار خۇدانىڭ يېنىغا «قايتىشى» كېرەك. ھازىر ئەكسىچە خۇدا ئۇلارنىڭ يېنىغا جازالاشقا قايتىدۇ.\f* \m \v 10 ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، \m ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن»\+bd* ــ مۇشۇ «ئاشنىلىرى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھازىر سەل كېڭەيتىلدى. ئىسرائىل خۇدانىڭ قوغدىشىغا ئىشەنمەي، ھەرقايسى بۇتپەرەس دۆلەتلەرگە تايىنىپ ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولماقچى. بىراق خۇدا ئۆزىگە قىلغان بۇ ۋاپاسىزلىقنى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى ئالدىدا ئاشكارىلايدۇ.\f* \m \v 11 شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛ \m ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا! \m ئۇنىڭ «شابات»لىرىغا! قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق «جامائەت ئىبادەت سورۇن»لىرىغا خاتىمە بېرىمەن!\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «خاتىمە بېرىمەن؛ ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا!...»\+bd* ــ «يېڭى ئاي»نىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت كۈنى ھېسابلىناتتى. «شابات» كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى، دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.\f* \m \v 12 ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛ \m ئۇ بۇلارنى: «بۇلار بولسا ئاشنىلىرىم ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىلىرىمدۇر!» دېگەنىدى؛ \m مەن بۇلارنى جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن، ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ.\x + \xo 2:12 \xt زەب. 80‏:12-13؛ يەش. 5‏:5\x* \m \v 13 مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛ \m چۈنكى ئۇ \add شۇ كۈنلىرىدە\add* ئۇلارغا ئىسرىق سالاتتى، \m ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن پەردازلاپ، \m ئاشنىلىرىنى قوغلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدى ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئىسرائىلنىڭ «بائال»لارغا چوقۇنغان كۈنلىرىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ.\f* \b \m \s1 خۇدا ئاخىر بېرىپ يەنىلا ئىسرائىلنى مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭكى قىلىدۇ ــ «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» \m \v 14 شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، \m ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن.\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن»\+bd* ــ «شۇڭا» دېگەن بۇ سۆز ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. خۇدانىڭ شاپائىتى دائىم دېگۈدەك شۇنداق.\f* \m \v 15 شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، \m «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ \m ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، \m مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدەك كۈي-ناخشا ئېيتىدۇ.\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، .... كۈي-ناخشا ئېيتىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى بەزى سۆزلەرنىڭ شەرھى: ــ \fp (1) «ئاقور جىلغىسى» ــ ئەسلىدە ئىسرائىل پەلەستىننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان كۈنلەردە، «ئاقان» (ياكى ئاخور، مەنىسى «ئاۋارە») ئىسىملىك بىر كىشى خۇدانىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلمىغاچقا، پۈتكۈل ئىسرائىل جەڭدە مەغلۇپ بولدى. يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاقاننىڭ گۇناھى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئىسرائىل ئاقاننى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئىسرائىل دۈشمەندىن قۇتقۇزۇلدى. «ئاقاننىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنى قۇتقۇزغان» دېگىلى بولىدۇ. شۇڭا مەزكۇر ئايەتنىڭ مەنىسى، بەلكىم بىرسى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈشى بىلەن، ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغان بولىدۇ («يە.» 7-بابنى كۆرۈڭ). \fp (2) «ياشلىق كۈنلىرى» ــ بەلكىم ئىسرائىلنىڭ «يېڭى بىر ئەل» تۇغۇلغاندەك، مىسىردىن چىققان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. \fp (3) «ناخشا ئېيتىدۇ» يەنە «(ماڭا) جاۋاب بېرىدۇ» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 16 ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، \m ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd ««سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن»\+bd* ــ «كىرىش سۆز»دە ئېيتقىنىمىزدەك، «بائال» دېگەن سۆزنىڭ بىر مەنىسى «ئىگەم» ياكى «ئېرىم».\f* \m \v 17 چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، \m ئۇلار بۇ نامى بىلەن ئىككىنچى ھېچقانداق ئەسلەنمەيدۇ.\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى ئۇنىڭ (يەنى، ئىسرائىلنىڭ) ئاغزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن».\f* \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمۈلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ \add خەلقىمنى\add* ئامان-ئېسەن ياتقۇزىمەن.\x + \xo 2:18 \xt ئايۇپ 5‏:23؛ يەش. 11‏:6؛ ئ‍ەز. 14‏:21؛ 34‏:25\x* \m \v 19 شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ \f □ \fr 2:19 \ft \+bd «مەن سېنى ... ئۆزۈمگە باغلايمەن»\+bd* ــ بۇ سۆز ئادەتتە قىزنى ئۆزىگە ئەمرىگە ئېلىشىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 20 ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن. \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە.... ساداقەتلىكتە (سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن)»\+bd* ــ دېگەن سۆزلەر خۇدانىڭ قىلىدىغانلىرىنى سۈپەتلەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق ئىشىنىمىزكى، بۇ سۆزلەر يەنە كەلگۈسىدىكى \+bd ئىسرائىلنىڭ\+bd* خۇدانىڭ مۇھەببىتىگە بولغان ئىنكاسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئىسرائىل شۇ كۈنى يەنە ۋاپاسىز بولمايدۇ. بۇ چوڭ بىر ئۆزگىرىش، چوڭ بىر مۆجىزىدۇر!\f*  \x + \xo 2:20 \xt يەر. 31‏:33، 34\x* \v 21 ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر-زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ \v 22 يەر-زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ! \f □ \fr 2:22 \ft \+bd «...بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ!»\+bd* ــ «يىزرەئەل» دېگەن ئىسىم «ئىسرائىل» دېگەن ئىسىم بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ھوشىيانىڭ بىرىنچى ئوغلى «يىزرەئەل»نىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن تۇغۇلۇپ (4:2نى كۆرۈڭ) ئاندىن شۇ سەۋەبىدىن ئاتىسىدىن ئايرىلغىنىدەك، ئىسرائىل «ئانىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقى» بىلەن خۇداسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھازىر خۇداسى بىلەن ئەپلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ.\f* \v 23 ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو-رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو-ئاممى»غا: «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى: «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن»\+bd* ــ ئېسىمىزدە باركى، «يىزرەئەل» «خۇدانىڭ تېرىغىنى» دېگەن مەنىدە. خۇدانىڭ ئىسرائىل (يىزرەئەل)غا بولغان مەقسىتى، دېھقاننىڭ \+bd ئۆزى ئۈچۈن\+bd* ئۇرۇقنى زېمىنغا تېرىغىنىغا ئوخشاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. دېمەك، ئاخىرقى زاماندا، ئىسرائىل خاراكتېرىدا، مېجەزىدە، قىلغانلىرىدا خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىدۇ. خۇدا شۇ يول بىلەن ئىسرائىلدا ئۆزىنى ئۇلۇغلايدۇ.\f*  \x + \xo 2:23 \xt ھوش. 2‏:1؛ رىم. 9‏:26؛ 1پېت. 2‏:10\x* \b \b \m \c 3 \s1 ھوشىيا ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئۆزىدىن ئايرىلغان ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: ــ يەنە بارغىن، ئاشنىسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، زىناخور بىر ئايالنى سۆيگىن؛ گەرچە ئىسرائىللار يات ئىلاھلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن، «كىشمىش پوشكال»لارنى سۆيگەن بولسىمۇ، \add مەن\add* پەرۋەردىگار ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈمدەك سەن ئۇنى سۆيگىن، ــ دېدى \f □ \fr 3:1 \ft \+bd «كىشمىش پوشكاللىرىنى سۆيىدىغان»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك گەپ. ئۇلار بەلكىم بۇ پوشكاللارنى ھەرخىل بۇتلارغا ئاتاپ يېگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇتپەرەسلىك يولىدا شۇ كىشمىشلەرنى يېگەچكە ھەقىقىي «دىندارلار» بولۇپ قالدى ــ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگۈسىنىڭ ئوبيېكتى ئىسرائىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلنىڭ سۆيۈش ئوبيېكتى ناھايىتى بىر خىل پوشكال بولغانىدى، خالاس.\f* \v 2 (شۇڭا مەن ئون بەش كۈمۈش تەڭگە، بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم؛ \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا...»\+bd* ــ «بىر خومىر» 300 لىتر، يەنى 20 كۈرە؛ «يېرىم خومىر» 150 لىتر، يەنى 10 كۈرە. \+bd «مەن ... ئۇنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم»\+bd* ــ قارىغاندا گومەر قۇللۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان، بازاردا (بەلكىم بالىلىرى بىلەن) سېتىلىدىغان ھالغا كەلگەن. ھوشىيا ئۈچۈن ئۇنى سېتىۋېلىش سەل قىيىنراق كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ باھاسىغا يېتىش ئۈچۈن پۇلغا قوشۇپ يەنە ئۇنى-بۇنى ئېلىپ كېلىش كېرەك ئىدى.\f* \v 3 مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم).\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ بۇنىڭ مەنىسى، ھوشىيا ئۇنى ھەرقانداق مۇناسىۋەتتىن ئايرىپ يالغۇز تۇرمۇشقا قالدۇرىدۇ. بىراق ئۇ ئۆزى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئايالغا يېقىنلاشماي، ئۇنى كۈتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:3 \xt قان. 21‏:11\x* \m \v 4 ــ «چۈنكى ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ. \f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بەزى نەرسىلەر ياكى ئىشلار (پادىشاھ، شاھزادە، قۇربانلىق، ئەفود) ئەسلىدە ماھىيىتى ياخشى، بەزىلەر پۈتۈنلەي ياخشى ئەمەس. بۇ بېشارەتتىن قارىغاندا، خۇدا ئىسرائىل ئۈچۈن سەللىمازا يېڭى بىر باشلىنىشنى بېكىتكەن. «تۈۋرۈك» بەلكىم بۇتپەرەسلىككە ئائىت بولغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. «ئەفود» ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇن بويىچە، باش كاھىن كىيدىغان بىر ئالاھىدە كالتە چاپان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تاش ئارقىلىق خۇدادىن يول سورىغىلى بولاتتى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:4 \xt ھوش. 10‏:3\x* \v 5 ۋە كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەۋرىنىپ ئەيمىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ كېلىدۇ».\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ»\+bd* ــ «ھوشىيا» دېگەن كىتابتا «ئىسرائىل» ئادەتتە «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇرۇنلا خۇدا ئەسلى بېكىتكەن داۋۇتنىڭ خاندانلىقىغا تەۋە پادىشاھلىقتىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئاخىرقى زامانلاردا ئۇلارنىڭ «داۋۇتنى ئىزدىشى» ئۈچۈن ھەرقانداق تەكەببۇرلۇقنى تاشلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بېشارەت ئاخىرقى زامانلاردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغلى مەسىھ ئەيسانىڭ ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 3:5 \xt يەش. 2‏:2؛ يەر. 30‏:9؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:22؛ مىك. 4‏:1\x* \b \b \m \c 4 \s1 -2قىسىم •••• ھوشىيانىڭ ئايرىم-ئايرىم خەۋەرلىرى ــ «ئى ئىسرائىل، مەن قانداقمۇ سىلەرنى تاشلاپ قويىمەن؟!» •••• يورۇتۇلمىغان بىر خەلق \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ \x + \xo 4:1 \xt مىك. 6‏:2\x* \v 2 قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. \f □ \fr 4:2 \ft \+bd «قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ»\+bd* ــ ياكى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ياكى (بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە) خالىغانچە ئادەملەرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى بۇتلارغا «ئىنسان قۇربانلىق»ى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ. \m \v 4 ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن! \f □ \fr 4:4 \ft \+bd «مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خەلقىڭ كاھىن بىلەن دەۋالاشقاندەك بولدى». \fp لېكىن بىزنىڭچە 4-ئايەتتىكى سۆزلەر كاھىنغا قارىتا ئېتىلىدۇ؛ بىزنىڭ تەرجىمىمىز 5-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش سەل تەس.\f* \v 5 سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ»\+bd* ــ «پەيغەمبەر» ساختا پەيغەمبەرنى ياكى (بۇتپەرەسلىك ياكى يالاقچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن) ئۆز مەنپەئىتىگە سېتىلىپ كەتكەن پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 6 مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. \f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەن...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىلىم» شۈبھىسىزكى، خۇدانى بىلىش دېگەنلىكتۇر.\f* \v 7 ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «ئۇلار كۆپەيگەنسېرى... مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن»\+bd* ــ «ئۇلار» كاھىنلارنى ياكى (6-ئايەتتە ئېيتىلغان) «كاھىنلارنىڭ بالىلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن»\+bd* ــ «كاھىن بولۇش» ناھايىتى شەرەپلىك ئىش، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىلىرى خەلققە خۇدانىڭ قانۇن-كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار ئۆزى «خۇدانىڭ قانۇن-كۆرسەتمىلىرىنى ئۇنتۇغان» (6-ئايەت).\f* \m \v 8 ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا، \m ئۇلارنىڭ جېنى \add خەلقىمنىڭ\add* قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا...»\+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ «گۇناھ قۇربانلىقى»نى (گۇناھىنى تىلەيدىغان قۇربانلىق)نى سۇنۇشى كېرەك ئىدى. كاھىنلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن مەلۇم بىر قىسىمنى يېيىش ئىمتىيازى بار ئىدى. شۇڭا ئۇلار ھازىر: ــ «خەلق كۆپرەك گۇناھ قىلسا، يەيدىغىنىمىزمۇ كۆپ بولىدۇ!» دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ.\f* \m \v 9 ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن \add كاھىنلارنىڭ\add* تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، خەلقىم جازايىمنى تارتقانىكەن، سەن كاھىنمۇ بۇنىڭدىن خالىي بولمايسەن؛ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىڭ سېنى قۇتقۇزمايدۇ، ئەكسىچە تارتىدىغان جازايىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.\f*  \x + \xo 4:9 \xt يەش. 24‏:2\x* \m \v 10 ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ، \m ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنى تىڭشاشنى تاشلاپ كەتتى،\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ. دېمەك، ئىسرائىل «پاھىشە بولۇپ» (بۇتلارغا چوقۇنغان بولۇپ)، كۆپ «پاھىشىۋازلار» (بۇتلار) بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق پايدا كۆرمىگەن. باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، لېكىن ھېچ پاراۋانلاشمايدۇ».\f*  \x + \xo 4:10 \xt مىك. 6‏:14\x* \m \v 11 ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ \m بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ. \m \v 12 خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، \m ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش! \m چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، \m ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ،\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش!»\+bd* ــ ئۇلار «تايىقى»، «ھاسىسى»نى پالچىلىق، رەمچىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. \+bd «چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ،...»\+bd* ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە تىلغا ئېلىنغاندەك، «پاھىشىلىك» بۇتپەرەسلىك ۋە پاھىشىلىكنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بائال» قاتارلىقلارغا چوقۇنۇش پائالىيەتلىرى ھەرخىل پاھىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسرائىل خۇداغا سادىق بولغان ئايالدەك ئەمەس، بەلكى ۋاپاسىز پاھىشە ئايالدەك بولغان.\f*  \x + \xo 4:12 \xt ھوش. 5‏:4\x* \m \v 13 تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، \m دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛ \m شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ.\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «...دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ»\+bd* ــ ئۇلار خۇدانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن چىقىپ، ناھايىتى بىر دەرەخ ئاستىدا بىر بۇتتىن ھىمايە سورىماقتا. \+bd «\+bd*\+bdit سىلەرنىڭ\+bdit* قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ» ــ «(سىلەرنىڭ) قىزلىرىڭلار... كېلىنلىرىڭلارمۇ» ــ خۇدا «سىلەر» دېگەن سۆز بىلەن بەلكىم يەنە كاھىنلارغا سۆز قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:13 \xt يەش. 1‏:29؛ 57‏:7؛ ئ‍ەز. 20‏:28\x* \m \v 14 مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، \m ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ \m چۈنكى \add ئاتىلىرى\add* ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ، \m «بۇتخانا پاھىشە»لىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلمىغان بىر خەلق يىقىتىلىدۇ.\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ چۈنكى (ئاتىلىرى) ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ...»\+bd* ــ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، خۇدا بۇ قىز-كېلىنلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ؛ خۇدا ئالدىدا، مەسئۇلىيەت ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى (بەلكىم كاھىنلار)نىڭ زىممىسىدىدۇر.\f* \m \v 15 سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، \m يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! \m نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، \m نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم يەھۇداغا قارىتىپ ئېيتىلىشى مۇمكىن. «گىلگال» ۋە «بەيت-ئاۋەن» ئىسرائىل زېمىنىدىكى «يېرىم بۇتپەرەس» تاۋاپگاھلار ئىدى. ئاموس پەيغەمبەر ئاللىقاچان ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى بۇ تاۋاپگاھلارغا بارماسلىق، بۇ يەرلەرگە چېتىشلىق گۇناھلارنى قىلماسلىق، جۈملىدىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بىكار-بىھۇدە ئىشلەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى («ئام.» 4:4، 5:5، 14:8). ھوشىيا ئۇنىڭ ئاگاھلىرىنى تەكرارلايدۇ. ئۇ يەنە ئاموس پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ، ئىسرائىللارنىڭ «بەيت-ئەل» (خۇدانىڭ ئۆيى)دە ئۆتكۈزگەن بۇتپەرەسلىكىنى ئەيىبلەپ، شۇ يەرنى «بەيت-ئاۋەن» («يوق بىرنەرسە»نىڭ ئۆيى) دەپ ئاتايدۇ.\f* \m \v 16 چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمە: «ئەمدى پەرۋەردىگار ھازىر ئۇلارنى پاخلاننى باققاندەك كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرىدۇ!». بۇ ئىككىنچى خىل تەرجىمىسىنىڭ مەنىسى توغرا بولسا ئۇنىڭ مەنىسى: «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇلارنى سۈرگۈن قىلدۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.\f* \m \v 17 ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ \m ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن!\f □ \fr 4:17 \ft \+bd «ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن!»\+bd* ــ «ئەفرائىم» ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ ئون قەبىلىسىدىن ئەڭ چوڭى، ئۇ بەزىدە ئىسرائىل (يەنى، ئون قەبىلە)نىڭ ئۆزىگە ۋەكىل بولىدۇ.\f* \m \v 18 ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا، \m ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى. \m \v 19 بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى، \m ئۇلار قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ.\f □ \fr 4:19 \ft \+bd «بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىر سۆز. بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى بەلكىم ئۇلار پاھىشىلىك-بۇتپەرەسلىك بىر پاسىق روھ (جىن) تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئازدۇرۇلۇپ كېتىلدى.\f* \b \b \m \c 5 \s1 ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چاتاق، يەھۇدانىڭمۇ ئەھۋالى چاتاق! \m \v 1 بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى كاھىنلار، \m تىڭشاڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، \m قۇلاق سېلىڭلار، ئى پادىشاھنىڭ جەمەتى؛ \m چۈنكى بۇ ھۆكۈم سىلەرگە بېكىتىلگەن؛ \m چۈنكى سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، \m تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر.\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر»\+bd* ــ نېمىشقا «مىزپاھ» ۋە «تابور» دېيىلىدۇ؟ ئىسرائىل ئەسلىدە بۇ جايلاردا خۇدانىڭ كۆپ ئىلتىپاتلىرىغا ۋە مەدىتىگە ئېرىشكەن. بۇ بېشارەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى جاي ھازىر ئەكسىچە بۇتپەرەسلىك ياكى بىرخىل ئادالەتسىزلىك يۈرگۈزۈلگەن جايلار بولۇپ قالدى.\f* \m \v 2 ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ \m بىراق مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىغۇچى بولىمەن.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ ...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قىرغىن-چاپقۇن» دېگەن سۆز بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە بالىلارنى قۇربانلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئىشلار قانائاندىكى ئەللەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدە كۆپ كۆرۈلەتتى. باشقا خىل تەرجىمىلەرمۇ بار.\f* \m \v 3 ئەفرائىمنى بىلىمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ \m چۈنكى ئى ئەفرائىم، سەن ھازىر پاھىشىلىك قىلدىڭ، \m ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «ئى ئەفرائىم، سەن ... پاھىشىلىك قىلدىڭ»\+bd* ــ ئەفرائىمنىڭ پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ بۇتلارغا باغلىنىشى «روھىي پاھىشىلىك»كە باراۋەردۇر.\f* \m \v 4 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنى خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتىشىغا قويمايدۇ؛ \m چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلار ئارىسىدىدۇر، \m ئۇلار پەرۋەردىگارنى ھېچ بىلمەيدۇ.\x + \xo 5:4 \xt ھوش. 4‏:12\x* \m \v 5 ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرمەكتە؛ \m ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆز قەبىھلىكى بىلەن يىقىلىپ كېتىدۇ؛ \m يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ.\x + \xo 5:5 \xt ھوش. 7‏:10\x* \m \v 6 ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛ \m بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى. \f □ \fr 5:6 \ft \+bd «قوي، كالا پادىلىرىنى ئېلىش»\+bd* ــ كۆپ قۇربانلىقلارنى قىلىشنى مەقسىتى قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 7 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدى، \m چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ھارامدىن تۇغدۇرغان؛ \m ئەمدى «يېڭى ئاي» ئۇلارنى نېسىۋىلىرى بىلەن يەپ كېتىدۇ.\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «يېڭى ئاي»\+bd* ــ ھېيت ياكى «يېڭى باشلىنىش» بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، شۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلارغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلچىلارنىڭ يولى ئېچىلىدۇ، دېمەكچى. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرەزلا قىلالايمىز. تۆۋەندە، 8-15-ئايەتلەردە ئالدىنئالا ئېيتىلغان تاجاۋۇزچىلىق «يېڭى ئاي»دا باشلىنارمىكىن؟\f* \m \v 8 گىبېئاھتا سۇناينى، \m راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ \m بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ \m كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!»\+bd* ــ بىنيامىن ئون ئىككى قەبىلىنىڭ بىرى، يەھۇداغا بېقىندى بولغان، «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا. بۇ بېشارەتتە ئىككى ئىمكانىيەت بار: ــ (1) يەھۇدا ئۆزى ئىسرائىلغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشىدۇ؛ نەتىجىدە ئىسرائىل ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورايدۇ (13-ئايەت) (10-ئايەتتە يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ جاھانگىرلىكى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ ئېكسپلىتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ)؛ (2) بېشارەت ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئۇلار ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قەبلىلىرىنى ئېلىپ كەتتى: 722-يىلى پۈتكۈل ئىسرائىلنى ئىشغال قىلدى: 702-يىلى يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلدى). \fp بىز ئىككىنچى ئىمكانىيەتكە مايىلمىز. ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا تۇتاشقان بۇ شەھەرلەر قىستاققا ئېلىنىدىغان بولسا (ھۇجۇم شىمالدىن كەلگەن ئەھۋالدا)، ئۇنداقتا ئىسرائىلنىڭ قالغان جايلىرى نېمىدېگەن قىيبىلىدىغان بولىدۇ! ئىسرائىل ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورىغاندىن كېيىن (شۇنداقلا ئاسۇرىيەگە پۇل بەرگەندىن كېيىن!)، ئۇلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.\f* \m \v 9 ئەفرائىم ئەيىبلىنىدىغان كۈنىدە ۋەيرانە بولىدۇ؛ \m مانا، ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىشنى ئايان قىلدىم! \m \v 10 يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى پاسىل تاشلارنى يۆتكىگۈچىگە ئوخشاشتۇر؛ \m مەن ئۇلار ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن. \m \v 11 ئەفرائىم خورلانغان، جازايىمدا ئېزىلگەن، \m چۈنكى ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئەفرائىم... ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى»\+bd* ــ «پاسكىنىلىق» بەلكىم بىرخىل بۇتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 شۇڭا مەن ئەفرائىمغا كۈيى قۇرتى، \m يەھۇدا جەمەتىگە چىرىتكۈچ بولىمەن. \m \v 13 ئەمدى ئەفرائىم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، \m يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرگەندە، \m ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، \m «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى؛ \m بىراق ئۇ ھەم سىلەرنى ساقايتالمايتتى، - \m ھەم ياراڭلارنىمۇ داۋالىيالمايتتى.\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى»\+bd* ــ ئاسۇرىيەلىكلەر ئۆز پادىشاھىغا بەرگەن ئۇنۋاننى، يەنى «ئۇلۇغ پادىشاھ» دېگەننىڭ ئىملاسىنى ھوشىيا قەستەن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى كىنايە بىلەن «جېدەلخور پادىشاھ» (ئىبرانىي تىلىدا «يارەب پادىشاھ») دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى دەل مۇشۇ خاراكتېردا بولغان، ئۇ باشقا ئەللەر بىلەن سوقۇشۇشقا ھەرقانداق باھانە-سەۋەبلەرنى چىقارغۇچى ئىدى.\f* \m \v 14 چۈنكى مەن ئەفرائىمغا شىردەك، \m يەھۇدا جەمەتىگە ئارسلاندەك بولىمەن؛ مەن، يەنى مەنكى، ئۇلارنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىپ، كېتىپ قالىمەن؛ \m ئۇلارنى ئېلىپ كېتىمەن، قۇتقۇزالايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ؛ \m \v 15 مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ \m بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ. \b \b \m \c 6 \s1 ئىسرائىلنىڭ يۈزەكى جاۋابى \m \v 1 «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ \m چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ \m ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ. \m \v 2 ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ \m ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، \m بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز! \m \v 3 ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! \m بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! \m ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ \m ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!».\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!»\+bd* ــ «كېيىنكى يامغۇر» بولسا قانائاندا (پەلەستىندە) 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئۇ ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنىڭ پىشىشىدا ھالقىلىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھوسۇل بولمايدۇ. \+bd «بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز!... ئۇ ... «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!»\+bd* ــ ئالىملارنىڭ بۇ ئۈچ ئايەت (1-3) ئۈستىدە ئۈچ خىل پىكرى بار: ــ (1) بۇ ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندا توۋا قىلىدىغان دۇئاسى (چۈنكى ئىسرائىللار ھوشىيانىڭ دەۋرىدە توۋا قىلغان ئەمەس)؛ (2) بۇ ھوشىيا پەيغەمبەرنىڭ: «پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى» دېگەن دەۋىتى؛ (3) بۇ ئىسرائىلنىڭ شۇ چاغدىكى يۈزەكى بىر ئىنكاسى، خالاس. سۆزلەر چىرايلىق بولسىمۇ خۇدا ئۇنى يۈزەكى دەپ قارايدۇ (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). شۇڭا بىز ئۈچىنچى ئىمكانىيەتكە قايىلمىز. چۈنكى بۇ سۆزلەردە ئۆز گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىدىغان كونكرېت گەپ كەمچىل. ئەگەر دۇئادا توۋا قىلىدىغان سۆزلەر بار بولغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بىر دۇئا بولاتتى؛ 14-بابتا ھەقىقىي توۋا قىلىدىغان دۇئا تېپىلىدۇ.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ داد-پەريادى \m \v 4 ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ \m ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ \m چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، \m تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر. \m \v 5 شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛ \m ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛ \m مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن...»\+bd* ــ خۇدا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن قېتىم ئىسرائىلغا جازاسىنى ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈملىرىنى ئۇقتۇرغانىدى؛ دېمەك، ئۇ دەرھال جازالىرىنى ئەۋەتمەيدۇ، بەلكى ئاۋۋال پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ، توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ؛ پەقەت توۋا قىلمىسا جازاسىنى چۈشۈرىدۇ. جازالار چۈشكەندە ئىسرائىللار «چېپىۋېتىلگەن، ...ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن» ئىدى. يۇقىرىدا (3-ئايەتتە) ئىسرائىل ساختىپەزلىك بىلەن «خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزۇزقا چىقىشى ... تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر» دېگەنىدى، بىراق ھازىر خۇدا: «\+bd مېنىڭ ھۆكۈملىرىم\+bd* تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ» دەيدۇ.\f* \m \v 6 چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، \m كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن.\f □ \fr 6:6 \ft \+bd «مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن»\+bd* ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قۇربانلىقلارنى تەلەپ قىلغان. بىراق كېيىنكى كۆپ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق، بۇلار مېنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىم ئەمەس، بەلكى: (1) ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا قاراتقان چىڭ كۆڭلىدىكى ئىبادەت ۋە مۇھەببىتىنى ئىزدەيمەن (شۇنداق ئىشلار پەقەت مەسىھنىڭ نىجاتى ۋە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئەلۋەتتە)؛ (2) قۇربانلىقلار سۇنۇلغاندا، ئەگەر ئىخلاسمەنلىك ۋە مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك، دەپ ئۇقتۇرغان.\f*  \x + \xo 6:6 \xt مات. 9‏:13؛ 12‏:7\x* \m \v 7 بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛ \m ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان.\x + \xo 6:7 \xt ھوش. 8‏:1\x* \m \v 8 گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛ \m ئۇ قان بىلەن بويالغان. \m \v 9 قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك، \m كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛ \m بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا. \m \v 10 ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛ \m ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ، \m ئىسرائىل بۇلغاندى. \m \v 11 يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان \add گۇناھلىرىڭنىڭ\add* ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر! \b \b \m \c 7 \m \v 1 مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە، \m مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە، \m ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ \m ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، \m قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. \m \v 2 ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ \m ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ \m بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر. \b \m \s1 ئوردىدىكى سۇيىقەستلەر \m \v 3 ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن، \m ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛ \m \v 4 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ \m ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ \m ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛\f □ \fr 7:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك...»\+bd* ــ «ئۇلار» بەلكىم كاھىنلار (ئۇلار يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئاساسىي ئوبيېكتى). ئەسلىدە كاھىنلار «مۇقەددەس قانۇن»نى بىلگىنى ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا مۇھىم رولى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە ئۇلار پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەيدۇ. \+bd «ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ»\+bd* ــ ناۋاي خېمىرنى بولدۇرۇش ئۈچۈن سەل ئىسسىق ئۆتسۇن دەپ تونۇرنىڭ يېنىغا قويىدۇ، بىراق شۇ ۋاقىتلاردا تونۇرنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتمايدۇ.\f* \m \v 5 پادىشاھىمىز \add تەبرىكلەنگەن\add* كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ \m \add پادىشاھ\add* بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!\f □ \fr 7:5 \ft \+bd «پادىشاھ بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!»\+bd* ــ «مازاق قىلغۇچىلار» يەنە كاھىنلار (ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر؟) بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە پادىشاھنى قوغدىشى كېرەك بولغان ئەمىرلەر مەست بولغاندا، پادىشاھ ئۆزىنى قەست قىلماقچى بولغان «مازاق قىلغۇچىلار» بىلەن «قول تۇتۇشۇپ»، ھېچ بىلمەيلا خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشىدۇ.\f* \m \v 6 چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ \m كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛ \m سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنىڭ «ناۋىيى» بولسا كېچىچە ئۇخلايدۇ». \+bd «... ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ ... سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ»\+bd* ــ 4-6-ئايەتلەردىكى ئىش بەلكىم: (1) پادىشاھ ئوردىسىدا مەلۇم بىر تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. (2) ئەمىرلىرى مەست بولۇپ كەتتى. (3) پادىشاھنى قەستلىگەن كاھىنلار كېچىچە پۇرسەت كۈتۈپ يۈردى. (4) ئەتىگەندە ئۇلارنىڭ پادىشاھقا بولغان نەپرىتى تونۇردىكى يالقۇنلىغان ئوتتەك پارتلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.\f* \m \v 7 ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ \m ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!»\+bd* ــ «ئۇلاردىن» ــ بەلكىم پادىشاھلاردىن. \fp مەزكۇر بېشارەتلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرىدىن قايسىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئىسرائىل پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئالتە پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان. ئالتىسىدىن تۆت پادىشاھ قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقەلەر تەۋرات، «2پاد.» 15-17-بابلاردا بايان قىلىنغان. ھالقىلىق نۇقتىلار شۇكى: (1) كاھىنلار ئىنتايىن رەزىل؛ زىناخور، قاتىللار ئىدى. (2) ئاز دېگەندىمۇ بىر پادىشاھ ئۇلار تەرىپىدىن قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ (3) ئەمىرلەر ئىنتايىن بىخۇد ئادەملەر، پادىشاھنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھېچ ئويلىمايتتى؛ (4) پادىشاھلارنىڭ ھېچقايسىسى خۇداغا تايانمىدى (شۇڭلاشقا «يىقىلدى»). (5) كاھىنلار كۆپ «سوتچىلار»نىمۇ قەستلەپ ئۆلتۈردى (7-ئايەت).\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلق \m \v 8 ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛ \m ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى»\+bd* ــ «ئەفرائىم»نىڭ مەزكۇر كىتابتا ئىسرائىلنىڭ ئورنىدا ياكى ئىسرائىلغا ۋەكىل قىلىپ كۆپ ئىشلىتىلىشىنىڭ سەۋەبى، بەلكىم بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قەبىلىلىرى ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئەفرائىم قەبىلىسى يالغۇز قالغانىدى. \+bd «ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر»\+bd* ــ دېمەك، بىر تەرىپى كۆيۈك، بىر تەرىپى پىشمىغان. ئىسرائىل بەلكىم باشقا قوۋملار بىلەر كۆپ ئارىلىشىپ، بىر تەرىپى بۇتپەرەسلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالغان، «كۆيۈپ كەتكەن»؛ بىراق ئۇلار خۇدا تەرەپتە ھېچ پىشمىغان، ئۇلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك.\f*  \x + \xo 7:8 \xt زەب. 106‏:35\x* \m \v 9 يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ \m بەرھەق، \add بېشىنىڭ\add* ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛\f □ \fr 7:9 \ft \+bd «يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى»\+bd* ــ «ئۇنىڭ كۈچى» بەلكىم ئىسرائىلنىڭ ئىرادىسى، ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇتپەرەس خەلق بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ ئېتىقادى ئاجىزلاشقان. باشقا ئالىملارنىڭ پىكرىچە، «كۈچ» ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ \m ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ \m ياكى شۇنداق ئىشلار \add بېشىغا\add* چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ.\x + \xo 7:10 \xt ھوش. 5‏:5\x* \m \v 11 ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛ \m مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛\f □ \fr 7:11 \ft \+bd «ئەفرائىم... مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ»\+bd* ــ ئىسرائىل تولىمۇ تۇتۇرۇقسىز بولۇپ، خۇدانىڭ سۆزىگە ھېچ ئىشەنمەي، بىردەم مىسىردىن، بىردەم ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككىلا تەرەپ ئىسرائىلغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ.\f* \m \v 12 ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛ \m خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛ \m \add بۇ خەۋەر\add* ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن.\f □ \fr 7:12 \ft \+bd «بۇ خەۋەر ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن.»\+bd* ــ ئايەتنىڭ ئاخىرقى بۇ قىسمىنىڭ باشقا ئىككى تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ جامائىتى ئاڭلىغاندەك، ئۇلارنى جازالايمەن» ياكى «ئۇلار توپلىنىۋاتىدۇ» دەپ ئاڭلىغىنىمدىلا، ئۇلارنى جازالايمەن». يەنە باشقا تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس.\f* \m \v 13 ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! \m ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! \m مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، \m ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ! \m \v 14 ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، \m ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ \m ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ \m ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى.\f □ \fr 7:14 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى خۇدا ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆز تاماشىلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاش ۋە يېڭى شاراب تىلەپ (بۇتلىرىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن) ئۆز ئەتلىرىنى تىلىدۇ».\f* \m \v 15 بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن، \m ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛ \m بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ. \m \v 16 ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ \m ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش. \m ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل-ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛ \m بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ.\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش»\+bd* ــ «ئالدامچى ئوقيا» تۈپ-تۈز ئاتمايدۇ، ئوقلار ھەردائىم بۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى بار.\f*  \x + \xo 7:16 \xt زەب. 78‏:57\x* \b \b \m \c 8 \s1 «ئۇلار شامال تېرىيدۇ، قارا قۇيۇننى ئورىدۇ!» \m \v 1 كاناينى ئاغزىڭغا سالغىن! \m پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ! \m چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان، \m تەۋرات-قانۇنۇمغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان.\f □ \fr 8:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ!»\+bd* ــ قورۇلتاز پەقەت ئۆلۈكلەرگە ياكى «ئۆلەي دەپ قالغان» جانىۋارلارغا قىزىقىدۇ، ئەلۋەتتە (باشقا خىل تەرجىمىلىرىدە «بۈركۈت» دېيىلىدۇ).\f*  \x + \xo 8:1 \xt قان. 28‏:49؛ ھوش. 6‏:7 \x* \m \v 2 ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ. \m \v 3 ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن؛ \m شۇڭا دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ.\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن»\+bd* ــ بۇ ئىككى بىسلىق سۆز؛ ئۇلار ئۆزلىرى ياخشىلىق قىلىشتىن قول ئۈزگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، خۇدانىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم بولغان.\f* \m \v 4 ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ \m ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ \m ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، \m ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان.\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس»\+bd* ــ «ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق» ــ دېمەك، بۇ ئىش ماڭا يات بولدى، مەن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدىم.\f* \m \v 5 ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى! \m مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغالدى؛ \m ئۇلار قاچانغىچە پاكلىقتىن يىراق تۇرىدۇ؟\f □ \fr 8:5 \ft \+bd «ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى!»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك گەپ. ئىسرائىلدىكى موزاي شەكلىدىكى بۇت ئۇلارنى قۇتقۇزمىغان. «بائال» ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تاۋاپگاھى «بەيت-ئەل»دىكى بۇتمۇ «موزاي شەكلى»دە ئىدى (باشقا خىل تەرجىلىرىمۇ بار).\f* \m \v 6 شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ \m ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ \m سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ! \m \v 7 چۈنكى ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! \m ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ \m ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى.\f □ \fr 8:7 \ft \+bd «ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى»\+bd* ــ ئىسرائىللار ھەردائىم «بائال»دىن ياخشى ھوسۇل تىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئويلىشىچە «بائال»نىڭ «ئالاھىدىلىكى» «مول ھوسۇل بېرىش»مىش.\f* \m \v 8 ئىسرائىل يۇتۇۋېلىندى؛ \m ئۇلار يات ئەللەر ئارىسىدا يارىماس بىر قاچا بولۇپ قالدى؛ \m \v 9 چۈنكى ئۇلار يالغۇز يۈرگەن ياۋايى ئېشەكتەك ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ چىقتى؛ \m ئەفرائىم «ئاشنا»لارنى ياللىۋالدى. \m \v 10 گەرچە ئۇلار ئەللەر ئارىسىدىن «ياللىۋالغان» بولسىمۇ، \m ئەمدى مەن ئۇلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛ \m ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 8:10 \ft \+bd «ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «ئەمىرلەرنىڭ شاھى» ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ مەخسۇس بىر ئۇنۋانى.\f* \m \v 11 ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، \m بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى.\f □ \fr 8:11 \ft \+bd «ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى»\+bd* ــ «گۇناھ قۇربانلىقى»لار توغرۇلۇق «لاۋ.» 4-5-بابلارنى كۆرۈڭ. \fp مەزكۇر قۇربانگاھلارنى «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» ياسالغانىدى. ئەسلىدە خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىندىكى ئىبادەتجانىنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا، ئىسرائىللارنىڭ ھېچقانداق قۇربانگاھنى ياسىماسلىقى كېرەك. دەرۋەقە، ئۇلار ياسالغاندىن كېيىن، تېزلا بۇتپەرەس تاۋاپگاھلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى.\f* \m \v 12 مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ، \m ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا. \m \v 13 ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ، \m بىراق پەرۋەردىگار بۇلاردىن ھېچ خۇرسەنلىك ئالمايدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ھازىر ئېسىگە كەلتۈرۈپ، \m گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ \m ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ!\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ،...»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ ھەرخىل تەرجىمىلىرى بولغىنى بىلەن، ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك. \+bd «گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ!»\+bd* ــ مىسىر ئىسرائىللار تۇنجى قېتىملىق ئەسىرلىككە ياكى قۇللۇققا چۈشكەن جاي.\f* \m \v 14 چۈنكى ئىسرائىل ئۆز ياسىغۇچىسىنى ئۇنتۇپ، «ئىبادەتخانا»لارنى قۇرىدۇ؛ \m يەھۇدا بولسا ئىستىھكاملاشتۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆپەيتكەن؛ \m بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئوت بۇلارنىڭ قەلئە-ئوردىلىرىنى يەپ كېتىدۇ. \b \b \m \c 9 \s1 قۇرۇق خۇشاللىق ۋە ھېيتلار \m \v 1 ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ \m چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ \m ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ.\f □ \fr 9:1 \ft \+bd «ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ *چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ *ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ»\+bd* ــ (بۇ بابتىكى خەۋەر توغرۇلۇق) ئىسرائىل بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى «ھەممە دىن ئوخشاش» دەپ، بۇتپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنى «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا» ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، شۇنداقلا شۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ يۈرمەكتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلار يەنىلا مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇلغان كونا ھېيتلارنىمۇ ساقلاپ قالغانىدى، ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى؛ مۇشۇنداق ھېيتلارنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولۇشۇپ، ھېيت-بايرام تەرەپلىرىدە خېلى «دىندار» بولۇپ كېتىشتى. ھوشىيا پەيغەمبەر مۇشۇ بابتىكى خەۋەرنى كۈز بايرىمىدا، يەنى «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)دا ئۇلارغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك. \fp «خامان» يىلنىڭ ئەجىرىنىڭ نەتىجىسىنى يىغىدىغان جاي بولۇپ، خۇشاللىق بولىدىغان بىر سورۇن، ئەلۋەتتە. بىراق پاھىشە ئاياللار (خەقنىڭ پۇلى بىلەن) پات-پات شۇ سورۇنلارغا چىقاتتى. ئىسرائىللار خامانلىرىدا بەلكىم ئىككى جەھەتتە پاھىشىلىك قىلاتتى؛ (1) مۇشۇ ئاياللار بىلەن؛ (2) روھىي جەھەتتە «بائال»غا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش پائالىيەتلىرىدە.\f* \m \v 2 خامان ۋە شاراب كۆلچىكى ئۇلارنى باقالمايدۇ؛ \m يېڭى شاراب ئۇنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. \m \v 3 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ \m ئەفرائىم بەلكى مىسىرغا قايتىدۇ، \m ئۇلار ئاسۇرىيەدە ھارام تاماقنى يەيدۇ. \m \v 4 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچ «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيمايدۇ، \m ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۇنىڭغا ھېچ خۇرسەنلىك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ \m ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ \m بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «... ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئادەم بولسۇن، نەرسە بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسىلا، «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى. «ناپاك» ئاشنى يېگەن ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ «ناپاك» بولاتتى. شۇڭا «ماتەم تۇتقان» ئادەملەرنىڭ ھەممىسى (بىر مەزگىلگىچە) «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى. ئەمدى خۇدانىڭ جازاسى بىلەن ئىسرائىل يات ئەل ئارىسىدا ھەردائىم «ھارام-ناپاكلىق» بىلەن ئۇچراشقاچقا، ھەردائىم «ناپاك» بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ «خۇدانىڭ ئۆيىگە» ئۆزلىرى كىرىشى، شۇنداقلا ھەرقانداق «ئاش ھەدىيە»نى ئېلىپ كىرىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان.\f* \m \v 5 ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ \add ئىبادەت\add* سورۇنلىرى» كۈنىدە، \m «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ ئىبادەت سورۇنلىرى» كۈنىدە، «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟»\+bd* ــ بۇ بۇتپەرەس خەلقنىڭ «ناپاك بولىدىغانلىقى» «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلىيەلمەسلىكى»، «ئىبادەت سورۇنلىرىغا قاتنىشالماسلىقى» قاتارلىقلار ئۇلارغا ئېغىر كەلگەنلىكى بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بىراق ئەسلىدە دۇرۇس بولغان بۇ پائالىيەتلەر خۇراپىي ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلار «بۇلارنى ھەردائىم قىلمىساق «يامان بولىدۇ»» دەپ ئويلاپ، قورقۇپ يۈرگەن بولسا كېرەك. تىرىك خۇدادىن قورقماي، خۇراپىيلىق يولىغا خىلاپلىق قىلىشتىن قورقۇش، ھەربىر خەلققە ناھايىتى نومۇس كەلتۈرىدىغان بىر ئىشتۇر.\f* \m \v 6 چۈنكى مانا، ئۇلار ھەتتا ھالاكەتتىن قاچقان بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ، \m ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ. \m ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ.\f □ \fr 9:6 \ft \+bd «ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ»\+bd* ــ مېمفىس شەھىرى يوغان، ھەيۋەتلىك يەر بولغانلىقى ئۈچۈن داڭقى چىققان. \+bd «ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرى» ۋە «چېدىرلىرى» بولسا كۈمۈش بىلەن ھەللەنگەن بۇتلار، شۇنداقلا شۇ بۇتلارغا «ماكان بولغان» چېدىرلار كۆزدە تۇتۇلۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 7 ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى، \m يامانلىق قايتۇرىدىغان كۈنلەر كەلدى؛ \m ئىسرائىل بۇنى بىلىپ يەتسۇن! \m سېنىڭ قەبىھلىكىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، \m زور نەپرىتىڭ بولغىنى تۈپەيلىدىن، \m پەيغەمبەر «ئەخمەق»، روھقا تەۋە بولغۇچى «ساراڭ» دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 9:7 \ft \+bd «ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى»\+bd* ــ «ھېسابلىشىش كۈنلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «يوقلاش كۈنلىرى».\f* \m \v 8 پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ \m بىراق ئۇنىڭغا بارلىق يوللىرىدا قىلتاقلار قويۇلغان، \m خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە.\f □ \fr 9:8 \ft \+bd «پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ ... خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە»\+bd* ــ ھەقىقىي پەيغەمبەرنىڭ دۈشمەنلىرى (كاھىنلار ۋە ساختا پەيغەنبەرلەر بولسا كېرەك) ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىمۇ ئۇنى قەستلىمەكچى بولۇۋاتاتتى.\f* \m \v 9 گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان، \m ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، \m ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ.\f □ \fr 9:9 \ft \+bd «گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان،...»\+bd* ــ گىبېئاھ شەھىرىدە بەچچىۋازلىق ھەم قاتىللىق يۈز بەرگەن، ئىسرائىلنى ناھايىتى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرغان («ھاك.» 17-19-بابلار).\f* \b \m \v 10 ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛ \m ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛ \m ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى، \m ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، \m ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى.\f □ \fr 9:10 \ft \+bd «ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى»\+bd* ــ «بائال-پېئور» دېگەن بۇت ۋە بۇ بۇتقا مۇناسىۋەتلىك نومۇسسىسزلىق «چۆل.» 25-بابتا خاتىرىلەنگەن. دېمىسەكمۇ، بۇ ئىشلار ئىسرائىل چۆل-باياۋاندا يۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. \+bd «ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرى چوقۇنغان يىرگىنچلىك بۇتقا ئوخشاش بولدى. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... ئۆز سۆيگىنىگە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى».\f*  \x + \xo 9:10 \xt چۆل. 25‏:3؛ زەب. 106‏:28\x* \m \v 11 ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ \m ــ خۇددى تۇغۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك، \m ھامىلە بولۇپ باقمىغاندەك، \m بويىدا ئاپىرىدە بولۇش بولۇپ باقمىغاندەك!\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «ئەفرائىمنىڭ شان-شەرىپى» ئۇلارنىڭ پەخرى بولغان ئەۋلاد-پەرزەنتىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئەۋلاد-پەرزەنتىڭلار مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك بولىسىلەر (12-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 12 ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، \m مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ \m بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! \m \v 13 مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى؛ \m بىراق ئەفرائىم بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدۇ.\f □ \fr 9:13 \ft \+bd «مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى»\+bd* ــ «تۇر» لىۋانغا جايلاشقان كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم پورت-دۆلەت ئىدى. باشقا تۆت خىل تەرجىمىسى بار. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس.\f* \m \v 14 ئۇلارغا بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار ــ زادى نېمە بەرگىنىڭ تۈزۈك؟ ــ ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن!\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن!»\+bd* ــ پەيغەمبەرنىڭ بۇ دۇئاسى بەلكىم ئۇلارنى بالىلارنىڭ قەتل قىلىنىشى ئازابىنى كۆرمىسۇن، دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 9:14 \xt لۇقا 23‏:29\x* \m \v 15 ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ؛ \m چۈنكى مەن شۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم؛ \m ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، \m ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن؛ \m مەن ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن؛ \m ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرسالىق قىلىدۇ.\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ»\+bd* ــ «گىلگال» ئۇلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ بۇتپەرەس تاۋاپگاھى ئىدى.\f*  \x + \xo 9:15 \xt يەش. 1‏:23؛ ھوش. 4‏:15؛ 12‏:12\x* \m \v 16 ئەفرائىم ئەمدى ئۇرۇۋېتىلدى؛ \m ئۇلارنىڭ يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ئۇلار ھېچ مېۋە بەرمەيدۇ؛ \m ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ، \m بالىياتقۇسىنىڭ سۆيۈملۈك مېۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.\f □ \fr 9:16 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ (ئەفرائىمنىڭ) يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بالىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 مېنىڭ خۇدايىم ئۇلارنى چەتكە قاقتى، \m چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ \m ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا سەرسان بولىدۇ. \b \b \m \c 10 \s1 پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى! \m \v 1 ئىسرائىل باراقسان بىر ئۈزۈم تېلىدۇر؛ \m ئۇ ئۆزى ئۈچۈن مېۋە چىقىرىدۇ؛ \m مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ \m زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى.\f □ \fr 10:1 \ft \+bd «مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ (ئىسرائىل) قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ قۇربانگاھلار ۋە تۈۋرۈكلەر بۇتلارغا ئاتالغانىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) ئىسرائىلنىڭ مېۋىسىنى كۆپەيتىشى بىلەن، ئىسرائىل قۇربانگاھلىرىدىكى بۇت تۈۋرۈكلەر كۆپەيدى؛ ئۇ (خۇدا) ئۆز زېمىنىغا ياخشىلىقنى كۆپەيتىشى بىلەن، ئۇ (ئىسرائىل) بۇتلارغا ئاتالغان تۈۋرۈكلەرنى تېخىمۇ ياخشى قىلدى».\f*  \x + \xo 10:1 \xt ھوش. 8‏:11\x* \m \v 2 ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئالا؛ \m ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىقى ھازىر ئاشكارىلىنىدۇ؛ \m ئۇ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ غۇلىتىدۇ، \m ئۇلارنىڭ بۇت تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ. \m \v 3 چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا: «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛ \m پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ.\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «... ئۇلار پات ئارىدا: «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛ پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەت ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:3 \xt ھوش. 3‏:4\x* \m \v 4 ئۇلار گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ، ئەھدىنى تۈزۈپ قويۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ؛ \m شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن جازالار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ».\f* \m \v 5 سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛ \m «\add بەيت-ئاۋەن\add*»\add دىكىلەر\add* دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، \m ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛ \m ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، \m چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى!\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ،... ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ»\+bd* ــ «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرەپ»ى، يەنى موزاي شەكلىدىكى بۇت بولسا، كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، «بەيت-ئاۋەن» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى كىنايىلىك گەپتۇر (مەنىسى: «يوق بىرنەرسە»نىڭ ئۆيى).\f* \m \v 6 بەرھەق، شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ، ئاسۇرىيەگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ؛ \m ئەفرائىم ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ، \m ئىسرائىل ئۆز «ئەقلى»دىن خىجىل بولىدۇ.\f □ \fr 10:6 \ft \+bd «شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ»\+bd* ــ «جېدەلخور پادىشاھ» ئاسۇرىيە پادىشاھىنى دېمەكچى. يۇقىرىقى 13:5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 سامارىيەنىڭ بولسا، پادىشاھى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدىكى خەشەكتەك يوقىلىپ كەتتى؛ \m \v 8 «ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ؛ \m قۇربانگاھلىرىنى تىكەن-جىغانلار باسىدۇ؛ \m ئۇلار تاغلارغا: «ئۈستىمىزنى يېپىڭلار!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈڭلار!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd ««ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ»\+bd* ــ «ئاۋەن» («يوق نەرسە») يەنى «بەيت-ئاۋەن». «يۇقىرى جايلار» ــ بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان مەخسۇس جايلار. «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» ــ ئۇلار چوقۇنغان بۇتنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 10:8 \xt يەش. 2‏:19؛ لۇقا 23‏:30؛ ۋەھ. 6‏:16؛ 9‏:6\x* \m \v 9 ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ \m ئىشلار شۇ پېتى تۇرىۋەردى؛ \m رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟\f □ \fr 10:9 \ft \+bd «ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ ... رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟»\+bd* ــ گىبېئاھ شەھىرىدا بولغان رەزىل ۋەقە (بەچچىۋازلىق ھەم قاتىللىق) «ھاك.» 17-19-بابلاردا خاتىرىلەنگەن. بۇ ئايەتكە قارىغاندا بۇ گۇناھ شۇ كۈنلەردىن تارتىپ ئىسرائىلدىن ئايرىلمىغان. شۇ ۋەقە بولغاندىن كېيىن، گىبېئاھدىكىلەر توۋا قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرى ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇلارنى بىتچىت قىلغان. بېشارەتكە قارىغاندا، بۇنداق بىر جەڭ يەنە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ لېكىن بۇ قېتىم پۈتكۈل ئىسرائىلغا قارشى شۇنداق بىر جەڭ بولىدۇ.\f*  \x + \xo 10:9 \xt ھوش. 9‏:9\x* \m \v 10 مەن خالىغىنىمدا ئۇلارنى جازالايمەن؛ \m ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە، \m يات قوۋملار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ.\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە»\+bd* ــ «ئىككى گۇناھى» نېمە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ ھەرخىل پەرەزلىرى بار. ئىسرائىلنىڭ ئىككى جاي (بەيت-ئەل ۋە دان)دا چوڭ بۇتنى ياسىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1پاد.» 12-باب). بۇ ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى بار.\f* \m \v 11 ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر، \m ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛ \m مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛ \m بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛ \m يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن! \m ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك.\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر، ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛ مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛ يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن! ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك»\+bd* ــ دېھقان ئۆزىنىڭ ئامراق ئىنىكىنى (خۇدا دېھقان، ئىسرائىل ئىنەك) تېخى ئېغىر ئەمگەككە سالمىغان، پەقەت خامان تېپىشكە سالغان (خامان تېپىش يېنىك ئىش ھەم تېپىلگەن دانلاردىن يېيەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنەك ئۇنىڭغا ئامراق، ئەلۋەتتە). بىراق ئىنەك جايىل بولۇپ كەتكەچكە (16:4نى كۆرۈڭ) ھازىر قاتتىق ئەمگەك كۈنلىرى كەلدى: 12-ئايەت بويىچە، يەھۇدا ۋە ئىسرائىل خۇدا ئۈچۈن «يەر ھەيدىمىسە» (توۋا قىلىش جەريانىدىكى جاپالىق يولغا كىرمىسە)، ئۇلار بەلكى ئاسۇرىيە ياكى بابىل ئۈچۈن قاتتىق ئەمگەك قىلىدىغان بولىدۇ.\f* \m \v 12 ئۆزۈڭلارغا ھەققانىيلىق بىلەن تېرىڭلار، \m مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ھوسۇل ئالىسىلەر؛ \m بوز يېرىڭلارنى چاناپ ئېچىڭلار؛ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى، \m ــ تا ئۇ ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنى ياغدۇرغۇچە!\x + \xo 10:12 \xt يەر. 4‏:3\x* \m \v 13 \add بىراق\add* سىلەر رەزىللىكنى ئاغدۇردۇڭلار، \m قەبىھلىك ھوسۇلىنى ئوردۇڭلار، \m يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار؛ \m چۈنكى سەن ئۆز يولۇڭغا، يەنى باتۇرلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىپ تاياندىڭ؛ \m \v 14 قوۋملىرىڭ ئارىسىدا چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت-ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك، \m بارلىق قورغانلىرىڭ بەربات قىلىنىدۇ؛ \m (شۇ كۈنى \add بەيت-ئاربەلدىكى\add* ئانا-بالىلار تەڭلا پارە-پارە قىلىۋېتىلمىگەنمۇ؟) ــ \f □ \fr 10:14 \ft \+bd «شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت-ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك،...»\+bd* ــ «شالمان» بەلكىم ئاسۇرىيە پادىشاھى «شالمانئەزەر III» ياكى «شالمانئەزەر V»نى، «بەيت-ئاربەل» بەلكىم گالىلىيەدىكى «ئاربېلا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. تارىخىي تەپسىلاتلار ھازىر بىزگە نامەلۇم، بىراق ئىسرائىلغا بولغان ئاگاھ ناھايىتى ئېنىقتۇر.\f* \m \v 15 ئەمدى ئۇچىغا چىققان رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن، \m ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل! \m تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 10:15 \ft \+bd «ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل!»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ «بەيت-ئەل»دە قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆز بېشىغا «بەيت-ئاربەل»دىكىدەك بىر كۈننى چۈشۈرىدۇ. \+bd «تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ «تاڭ سەھەردىلا» ــ دېمەك، «جەڭ بېشىدىلا» (جەڭ ئادەتتە سەھەردە باشلىناتتى)؛ ياكى بولمىسا «بەك تېزلا» دېگەن مەنىدە.\f* \b \b \m \c 11 \s1 ئىسرائىل، سۆيۈملۈك بالام! سېنى قانداقمۇ تاشلاپ قويىمەن؟ \m \v 1 ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، \m شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم.\x + \xo 11:1 \xt مات. 2‏:15\x* \m \v 2 بىراق ئۇلار \add خەلقىمنى\add* چاقىرىۋىدى، \m ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ \m ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، \m ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى.\f □ \fr 11:2 \ft \+bd «بىراق ئۇلار خەلقىمنى چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى...»\+bd* ــ «ئۇلار» ــ بۇتپەرەسلەرنى ياكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇچرىغان «موئاب»دىكىلەرنى ۋە ياكى قانائانغا كىرگەندىن كېيىن ئۇچراشقان قانائاندىكىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \fp ئايەت ئۈستىدىكى ئىككى باشقا كۆزقاراش ئىپادىلەيدىغان باشقا ئىككى تەرجىمىسى بار: (1) «ئۇلار (پەيغەمبەرلەر) ئۇلارنى چاقىرغانسېرى، ئۇلار (ئىسرائىل) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن (پەيغەمبەرلەردىن) نېرى قىلدى»؛ (2) «مەن (خۇدا) ئۇلارنى چاقىرغانسېرى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھۇزۇرۇمدىن نېرى قىلدى». ئاخىرقى تەرجىمە مىلادىيەدىن ئىلگىرىگى 3-ئەسىردىكى «سېپتۇئاگىنت» (LXX) گرېك تەرجىمىسىگە ئەگىشىدۇ.\f* \m \v 3 ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، \m ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ \m بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى. \m \v 4 مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، \m سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ \m مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، \m ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن. \m \v 5 ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ \m ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ \m ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى!\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيەدىن ياردەم ئىزدەپ ئۇلارنىڭ يېنىغا «چىقتى». ئەمدى بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۇلارنىڭ «چىقىش»ى ياكى «قايتىش»ى (1- ۋە 2-ئايەتنى كۆرۈڭ) بولسا قاچقۇن مۇساپىر سۈپىتىدە (مىسىرغا) ياكى ئەسىر سۈپىتىدە (ئاسۇرىيەگە) بولىدۇ.\f* \m \v 6 قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ \m \add دەرۋازىسىدىكى\add* تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ \m بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر! \m \v 7 بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ \m ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، \m لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ. \m \v 8 مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ \m مەن قانداقمۇ سېنى \add دۈشمەنگە\add* تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! \m قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! \m سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! \m قەلبىم ئىچ-باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، \m مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ!\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟!»\+bd* ــ «ئادماھ» ۋە «زەبوئىم» دېگەن شەھەرلەر ئېغىر گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سودوم ۋە گوموررا بىلەن تەڭ ئاسماندىن ياغقان ئوت-گۈنگۈرت تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.\f*  \x + \xo 11:8 \xt يار. 19‏:24\x* \m \v 9 غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، \m ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ \m چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، \m ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك-مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ \m مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن.\f □ \fr 11:9 \ft \+bd «... مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... مەن شەھەرگە (جازالاشقا) كىرمەيمەن.\f* \m \v 10 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ \m ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ \m ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛ \m \v 11 ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، \m ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 11:11 \ft \+bd «ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن»\+bd* ــ ئىسرائىل (ئەفرائىم)دىكىلەردىن بەزىلەر ئاۋۋال يەھۇدادىن پاناھ تاپقان، ئاندىن كېيىن يەھۇدا بىلەن تەڭ بابىل ئىمپېرىيەسىگە سۈرگۈن بولغان. ئاندىن ئۇلار بىلەن تەڭ قانائانغا (پەلەستىنگە) قايتىپ كەلگەن ــ ئاجىزلىقتا، «تىترىگەن ھالدا» قايتىپ كەلگەن («2تار.» 1:9-3، «ئەزرا» 1-2-باب).\f* \b \b \m \c 12 \s1 ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ساۋاق ئېلىڭلار! \m \v 1 ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛ \m يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى. \m ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، \m ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛ \m ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛ \m ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، \m شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەھۇدا يەنىلا خۇدا بىلەن بىللە ھۆكۈمدارلىق قىلىدۇ، ئۇ پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا سادىقتۇر». بىزنىڭچە 12-باب، 2-ئايەتكە قارىغاندا بۇ خىل تەرجىمىسى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. \+bd «ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئەفرائىم گېپى تۇتۇرۇقسىز، «شامالغا باققۇچى» ئەل ئىدى. \+bd «شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ «ماي» شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.\f* \m \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛ \m ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛ \m ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ. \m \v 3 ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان، \m ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛\f □ \fr 12:3 \ft \+bd «ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان،...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياقۇپ» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ئەسلىدە: «ئۇ (خۇدا) تاپىنىڭدا بولسۇن» (دېمەك، ئۇ سەن (خۇدا) بىلەن بىللە بولسۇن)؛ بىراق ياقۇپ پەيغەمبەرگە شۇ ئىسىمنىڭ قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى: ــ (1) ئۇ ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتقان (تۇغۇلغاندا)؛ (2) بۇ ئىسىمنىڭ «ئالدامچى» دېگەن كۆچمە مەنىسى بار؛ ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئاكىسىنى ئىككى قېتىم «روھىي مىراس»تىن ئالداپ قويغان («يار.» 25-باب). \fp (ئاخىردا ئۇ بۇ ئالدامچىلىقتىن توۋا قىلىپ، ئاكىسىدىن ئەپۇ سورىغان «يار.» 33-بابنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 12:3 \xt يار. 25‏:26؛ 35‏:9،10 \x* \m \v 4 ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ \m ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ \m \add خۇدا\add* ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، \m ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى». شۇڭا باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ (ياقۇپ) ئۇنى (خۇدانى) تېپىۋالدى». \+bd «ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، *ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى»\+bd* ــ بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم: (1) ياقۇپ ئەسلى بىر ئالدامچى؛ (2) بىراق ئۇ ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ پەرىشتىسىدىن بەخت-بەرىكەتكە ۋە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن؛ (3) كېيىن ئۇ باشقىچە بىر ئادەم، ئېتىقادلىق، شەپقەتلىك بولۇپ چىقتى (ئىسرائىل دەپ ئاتالدى). (4) خۇدا ئەسلى بۇ ئىشلارنى «بەيت-ئەل»دە (ياقۇپنى چارقىرغان ۋاقتىدا) باشلىغان، ياقۇپقا، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىغا بەخت ئاتا قىلىدىغان ۋەدىلەرنى قىلغان؛ (5) شۇڭا ئىسرائىل «بەيت-ئەل»نىڭ \+bd ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى\+bd* ئەسلىشى كېرەك؛ (6) ئۇلار بۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئالسۇنكى، «خۇدا مېنىمۇ (ياقۇپقا ئوخشاش) يامان ئالدامچىلىقتىن دۇرۇس، ئېتىقادلىق ئادەمگە ئۆزگەرتەلەيدۇ»؛ (7) «شۇڭا خۇدانىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇنىڭغا قايتىشىم كېرەك». \fp ۋەقەلەر «يار.» 25-32-بابلاردا خاتىرىلەنگەن. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 12:4 \xt يار. 28‏:12، 19؛ 35‏:7، 14، 15\x* \m \v 5 ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!\f □ \fr 12:5 \ft \+bd «ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ياقۇپ ئۆزى بىلەن ئېلىشقان پەرىشتىنىڭ نامىنى سورىغان. شۇ چاغدا ئۇ نامىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان. كېيىن خۇدا بۇ نامنىڭ «ياھۋەھ» (تەرجىمىمىزدە، «پەرۋەردىگار» دېيىلىدۇ) ئىكەنلىكىنى مۇسا پەيغەمبەرگە ئايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن (ياھۋەھ ــ «ئۆزگەرمەس»، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»، «ئەھدىسىگە ھەردائىم سادىق بولغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). شۇڭا بۇ نام ئىسرائىلغا ئۈمىد بېرىشى كېرەك ئىدى.\f* \m \v 6 شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛ \m مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە، \m خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن. \m \s1 ئالدامچى سودىگەر \m \v 7 مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ \m ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر.\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «مانا بۇ سودىگەر!»\+bd* ــ «سودىگەر» ئىبرانىي تىلىدا «قانائان» ياكى «قانائانلىق» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، ئەفرائىم بىر تەرەپتىن ئەسلى ئۆزى ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن بۇتپەرەس قانائانلىقلارغا ئوخشاپ قالغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ «ياقۇپ»نىڭ ئەسلىدىكى «ئالدامچى» خاراكتېرىدا بولۇپ، ھېچ ئۆزگەرتىلمىگەندۇر.\f* \m \v 8 ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم، \m ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛ \m بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 12:8 \ft \+bd «ئۇلار... مەندىن گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ»\+bd* ــ «گۇناھىي قەبىھلىك» ــ دېمەك، مەندە «قەبىھلىكلەر بار، بىراق ئېغىر ئەمەس، «گۇناھ ئەمەس»» دېگەن كۈلكىلىك گەپ. «مەن ئانچە يامان ئادەم ئەمەسمەن» دەيدىغان پوزىتسىيىلەر بۈگۈنگە قەدەر ھەممىمىزگە تونۇشتۇر.\f* \m \v 9 بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، \m مەن سېنى يەنە «\add كەپىلەر\add* ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!\f □ \fr 12:9 \ft \+bd «بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!»\+bd* ــ ««كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك» ئىبرانىي تىلىدا «ھېيتتىكى كۈنلەردىكىدەك». \fp «چېدىرلاردا تۇرۇش» تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن شۈبھىسىزكى، «كەپىلەر ھېيتى»نى كۆرسەتسە كېرەك. \fp ئىسرائىل «مىسىردىن چىقىش»تىكى مۇھىم ساۋاقلارنى ئۇنتۇغان. «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)دا ئىسرائىل يەتتە كۈن ئۆيدە ئەمەس، بەلكى چېدىرلاردا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ھېيتتىكى بۇ ئىش ئۇلارغا ئەسلىدىكى ئاجىز، كەمبەغەل باشلىنىشىنى ۋە «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزىگە تايىنىپ ياشىشى كېرەك» دېگەن مۇھىم ساۋاق توغرۇلۇق ئەسلىتىشى كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 12:9 \xt يەش. 43‏:11\x* \b \m \s1 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى \m \v 10 «مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن، \m ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن، \m شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن. \m \v 11 گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر! \m ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر!\f □ \fr 12:11 \ft \+bd «گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «قەبىھ» ۋە «يارىماس» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە ئوخشايدايدىغان سۆزلەردۇر. \+bd «ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر!»\+bd* ــ ھوشىيا «گىلگال» («دۆۋە»، «دەستە»، دېگەن مەنىدە) دېگەن يەر نامى بىلەن سۆز ئويۇنى قىلىدۇ ــ ئۇلار ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىقتۇر. ھەممە يېرىدە كۆپلىگەن قۇربانگاھلىرىنىڭ بولۇشى بىلەن، گىلگال دەرۋەقە «ئېتىزدىكى تاش دۆۋىلەر»دەك بىر جاي، خالاس. \fp \fp ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىلىرىمۇ بار.\f*  \x + \xo 12:11 \xt ھوش. 4‏:15؛ 6‏:8؛ 9‏:15\x* \m \v 12 (ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى، \m شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛ \m بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى).\x + \xo 12:12 \xt يار. 28‏:5؛ 29‏:20، 28\x* \m \v 13 پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، \m پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان»\+bd* ــ مۇشۇ ئىشلار (12-14-ئايەت) ئىسپاتلايدۇكى، ئەفرائىم ئەجدادى بولغان ياقۇپنى ھەددىدىن زىيادە ئىززەتلىگەن. ئۇلارنىڭ تەمەننا قويغان «بۈيۈك ئەجداد»ى ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى (ئىسرائىل) پەيغەمبەرسىز قالغان بولسا (دېمەك، ئۇلاردا خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىغان بولسا) ئۇ چۆل-باياۋاندا يۈرۈۋاتقان ناھايىتى بىر «قاچقۇن» ياكى ھەتتا مىسىردىن چىقمىغان بىر «ئىشلەمچى» بولاتتى، خالاس. ئۇ ھەرگىز ئۇلۇغ بىر ئەل بولۇپ چىقمايتتى. بىراق ھازىرقى ئىسرائىل (بولۇپمۇ ئەفرائىم قەبىلىسى) خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر (ئاموس، ھوشىيا, يەشايا، مىكاھ)نى رەت قىلىپ، خۇدانى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدۇ. ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ھاياتىنىڭ ھەر جەھەتلىرى ئۇلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان روھىي مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىدى. ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرى بۇ ئىشنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسىتىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنى سەل چاغلاش خۇدانىڭ ئۆزىنى سەل چاغلىغان بىلەن باراۋەردۇر. \fp \fp ياقۇپ ئۆزى ئاخىرىدا پەيغەمبەر بولغان، ئەلۋەتتە («يار.» 48-49-بابلارنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 14 ئەفرائىم \add خۇدانىڭ\add* قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛ \m ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ، \m شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. \b \b \m \c 13 \s1 «مەن سېنى ھالاك قىلىمەن، ئى ئىسرائىل!» ــ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 1 \add بۇرۇن\add* ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛ \m ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛ \m بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى.\f □ \fr 13:1 \ft \+bd «بۇرۇن) ئەفرائىم سۆز قىلغاندا...»\+bd* ــ «ئەفرائىم» قەبىلىنىڭ ئەجدادى بولغان ئەفرائىمنى ئەمەس، بەلكى قەبىلىنىڭ ئاۋۋالقى تارىخىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسا پەيغەمبەردىن كېيىن، ئىسرائىلغا يېتەكلىگۈچى بولغان يەشۇئا پەيغەمبەر ئەفرائىملىق ئىدى.\f* \m \v 2 ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا! \m ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى، \m ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛ \m بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛ \m بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ.\f □ \fr 13:2 \ft \+bd «بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «ئۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «مانا، قۇربانلىق قىلغۇچى ئادەملەر موزايلارنى سۆيۈپ قويۇۋاتىدۇ!» ــ دېيىلىدۇ» ــ ياكى باشقىلار. بىراق ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس بولغىنى بىلەن، تىلشۇناسلارنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرى بويىچە، بۇ ئايەت دەرۋەقە «ئىنسان قۇربانلىقى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 13:2 \xt ھوش. 8‏:6\x* \m \v 3 شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، \m تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، \m خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك، \m تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك \add تېزدىن\add* يوقاپ كېتىدۇ. \m \v 4 بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛ \m سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛ \m مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر.\x + \xo 13:4 \xt 2سام. 22‏:32؛ زەب. 18‏:31؛ يەش. 43‏:11؛ ھوش. 12‏:10\x* \m \v 5 مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛ \m \v 6 ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان، \m تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛ \m شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان.\x + \xo 13:6 \xt قان. 32‏:15؛ ھوش. 8‏:14\x* \m \v 7 ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛ \m يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛ \m \v 8 كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ، \m يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛ \m ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛ \m دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ. \m \v 9 سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ، \m يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر. \m \v 10 ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟ \m سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟ \m سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ \m \v 11 مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، \m ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم.\f □ \fr 13:11 \ft \+bd «مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم»\+bd* ــ ئىسرائىل قانائان زېمىنىنى ئىگىلىۋالغاندىن تارتىپ، خۇدا ئۇلارغا يېتەكچىلىك ۋە سوتچىلىق قىلىدىغان «باتۇر ھاكىملار» ياكى «سوتچى-قۇتقۇزغۇچى» دېگەن ئىخلاسمەن باتۇرلارنى ئايرىم-ئايرىم تەمىنلەپ بەرگەنىدى. ئىسرائىل خۇدانىڭ بۇ «ئايرىم-ئايرىم تەقسىماتى»دىن نارازى بولۇپ، سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدادىن پادىشاھ («مۇقىم» سۇلالە تۈزۈمى) تىكلەشنى تىلىگەن. خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەلىپىنى: «ماڭا ئىشەنمەسلىككە باراۋەر» دەپ نارازىلىقىنى كۆرسىتىپ، ئاندىن ئاخىرىدا ئىسرائىلنىڭ بىرىنچى پادىشاھى سائۇلنى تىكلىگەن («1سام.» 8-12-بابلار)\f*  \x + \xo 13:11 \xt 1سام. 8‏:5؛ 15‏:23؛ 16‏:1\x* \b \m \v 12 ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ \m ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛\f □ \fr 13:12 \ft \+bd «ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛»\+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭ بارلىق قەبىھلىك-گۇناھلىرى خۇدانىڭ جازالىشى ئۈچۈن ئوبدان ساقلانماقتا.\f* \m \v 13 تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛ \m ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛ \m چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان!\f □ \fr 13:13 \ft \+bd «بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان!»\+bd* ــ ياكى «بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ چىقمايدۇ!».\f* \m \v 14 مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ \m ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ \m ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! \m ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! \m مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن!\f □ \fr 13:14 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي. \+bd «... ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن!»\+bd* ــ ئالىملار بۇ ئايەت ئۈستىدە ئىككى خىل پىكىردە. بەزىلەر مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: ــ «مەن ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرامدىمەن؟ مەن ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزامدىمەن؟ ئەي، ئۆلۈم، ۋابالىرىڭنى چىقار! ئەي، تەھتىسارا، ھالاكەتلىرىڭنى چىقار! مەن ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) ھېچ رەھىم قىلمايمەن». بۇ تەرجىمە ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرگە ماسلاشقان بولسىمۇ، بىز يۇقىرىقى تەرجىمىگە قايىلمىز. چۈنكى: (1) ئىبرانىي تىلىدا ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە سوئال يۈكلىمىسى يوق، ئۇ ئاددىي بىر «بايان جۈملە». (2) خۇدا ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن بىرنەچچە بېشارەتلەردە، ئىسرائىلغا بولغان قاتتىق ئەيىبىنى يەتكۈزۈشى بىلەن تەڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن ئىسرائىلغا چوڭ ئۈمىدلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، 9:1-10، 11:8)؛ (3) ئىنجىلدا روسۇل پاۋلۇس بۇ ئايەتلەرنى شۇنداق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ («1كور.» 55:15-56، «ۋەھ.» 13:20-14نى كۆرۈڭ)؛ (4) تېكىستنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىسى: «مەن (ئۆزۈم) ساڭا ھالاكەت بولىمەن، ئى تەھتىسارا!... ساڭا ۋابا بولىمەن، ئى ئۆلۈم! مەن سىلەرگە ھېچ رەھىم قىلمايمەن» بولۇش ئېھتىمالغا بەك يېقىن. \fp يەنە مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى: «مەن ئۆزۈمنى ھېچ ئايىمايمەن!» دېگەن مەنىدە بولىدۇ ــ دېمەك، خۇدا ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەيياردۇر.\f*  \x + \xo 13:14 \xt يەش. 25‏:8؛ 1كور. 15‏:55\x* \b \m \v 15 \add ئەفرائىم\add* قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، \m شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، \m يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ \m \add ئەفرائىمنىڭ\add* بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ \m ئۇ \add شامال\add* خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ.\f □ \fr 13:15 \ft \+bd «ئەفرائىم قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ»\+bd* ــ «ئەفرائىم» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزى «مېۋىلىك» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ ئايەتتىكى «مېۋە» پەرزەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). \+bd «شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ»\+bd* ــ قانائانغا (پەلەستىنگە) نىسبەتەن ئەڭ دەھشەتلىك شامال شەرق شامىلىدۇر. ئۇلارنى نابۇت قىلىدىغان ئاسۇرىيە قوشۇنى دەرۋەقە شەرقتىن كېلىدۇ. \fp \fp \+bd «خەزىنىدىكى نەپىس قاچا-قۇچىلار»\+bd* ــ ئەفرائىمدىكى «كېلىشكەن چوكان-قىزلار»نى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن (16-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 16 سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ \m ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، \m بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ، \m ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ.\x + \xo 13:16 \xt ھوش. 10‏:14\x* \b \b \m \c 14 \s1 ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدە توۋا قىلىشى، قۇتقۇزۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى \m \v 1 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! \m چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.\x + \xo 14:1 \xt ھوش. 12‏:7\x* \m \v 2 ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، \m پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ \m ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، \m شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، \m شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا \add قۇربانلىقلار\add*»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار.\f □ \fr 14:2 \ft \+bd «...«بۇقا قۇربانلىقلار»نى تۇتىمىز\+bd* ــ «بۇقا قۇربانلىقلار» خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىنىدىغان «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك قۇربانلىق ئىدى. مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكەن، ئەلۋەتتە. ئۇ «لەۋلىرىمىزدىكى مول ئىبادەت-مەدھىيە»نى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لەۋلىرىمىزدىكى مېۋىنى تۇتىمىز».\f* \m \v 3 ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، \m ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ \m بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ \m چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ».\f □ \fr 14:3 \ft \+bd «چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ»»\+bd* ــ بۇ سۆز ھوشىيانىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆز دادىسى بىلەن بولغان كەچۈرمىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ.\f* \b \m \v 4 ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، \m مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ \m چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى. \m \v 5 مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ \m ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، \m يىلتىزلىرى لىۋان \add كېدىر\add* دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛ \m \v 6 ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، \m ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، \m پۇرىقى لىۋان \add كېدىرىنىڭكىدەك\add* بولىدۇ. \m \v 7 خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ \m ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، \m ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ \m لىۋاننىڭ شارابلىرى \add ئاغزىدا قالغاندەك\add*، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ. \f □ \fr 14:7 \ft \+bd «لىۋاننىڭ شارابلىرى ئاغزىدا قالغاندەك، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئەسلەتمىسى لىۋاندىكى شارابنىڭكىدەك بولىدۇ».\f* \m \v 8 ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. \m «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ \m «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ \m «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!»\f □ \fr 14:8 \ft \+bd «ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا ئەفرائىمغا) «ئى ئەفرائىم، مېنىڭ بۇتلار بىلەن نېمە ئالاقەم بولسۇن!» ــ دەيدۇ».\f* \m \v 9 كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ \m چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، \m ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ \m بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.\x + \xo 14:9 \xt پەند. 29:10\x*