\id HEB \h ئىبرانىيلارغا \toc1 ئىبرانىيلارغا \toc2 ئىبرانىيلارغا \toc3 ئ‍ىبر. \mt1 ئىبرانىيلارغا \c 1 \s1 «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان مەكتۇپ» •••• خۇدانىڭ ئوغلى پەرىشتىلەردىن ئۈستۈندۇر \m \v 1 خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ،\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە»\+bd* ــ ياكى «نۇرغۇن قېتىم» ياكى «نۇرغۇن ئىپادىلەر بىلەن».\f* \v 2 مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا»\+bd* ــ «ئاخىرقى كۈنلەر» ئىنجىل بويىچە «ئاخىرقى زامانلار»، ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن باشلانغان. مۇشۇ يەردە بۇ ئىبارە «مۇشۇ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا» (يەنى، پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا سۆز يەتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا) دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئوغلى ئارقىلىق»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئوغۇل ئارقىلىق». \+bd «ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئوغلى» دېگەن گرېك ئىلىدا پەقەت «ئوغۇل» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:2 \xt يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ مات. 21‏:38؛ يـۇھ. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16. \x* \v 3 ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئۇ ۇناھلارنى تاشىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن..»\+bd* ــ كۆپ كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇ يالغۇز ئۆزى گۇناھلارنى تاشىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن..» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:3 \xt 2كور. 4‏:4؛ فىل. 2‏:6؛ كول. 1‏:15. \x* \v 4 شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئۇ (ئوغۇل) پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى»\+bd* ــ تۆۋەندىكى 5-ئايەتتە ئۇ ئالغان نام-مەرتىۋىنىڭ «ئوغۇل» ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.\f* \m \v 5 چۈنكى خۇدا \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»... «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ»\+bd* ــ بىرىنچى بېشارەت ئەيسانىڭ مەرىيەمدىن ئاتىسىز تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، «زەب.» 7:2دىن ئېلىنغان؛ ئىككىنچى بېشارەت «2سام.» 14:7، «1تار.» 13:17دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 1:5 \xt 2سام. 7‏:14؛ 1تار. 17‏:13؛ 22‏:10؛ زەب. 2‏:7؛ روس. 13‏:33؛ ئىبر. 5‏:5. \x* \m \v 6 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «تۇنجى» ئادەتتە «تۇنجى تۇغۇلغان بالا»نى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «زەب.» 27:89دە ۋە «كول.» 16:1-17ئايەتتە كۆرۈلىدۇ؛ دېمەك، مەسىھ: (1) پۈتۈن ئالەم ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ (2) ئالەمدىن بۇرۇن بولغان؛ (3) بەلكىم ئالەمگە ئوخشاش «يارىتىلغان» ئەمەس، بەلكى ئەسلى خۇدا ئاتىسى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، «خۇدانىڭ تۇنجىسى» دېگەن سۆز مەسىھدىن كېيىن (ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق) خۇدانىڭ كۆپ باشقا ئوغۇل پەرزەنتلىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (10:2نى كۆرۈڭ). \+bd «يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەر يۈزىگە ئېلىپ باشلىغاندا...». \+bd «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن»\+bd* ــ «قان.» 43:32 ۋە «زەب.» 7:97نى كۆرۈڭ. «لۇقا» 13:2-14 ۋە «زەب.» 7:132-9نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:6 \xt زەب. 97‏:7؛ قان. 32‏:43؛ لۇقا 2‏:8-14\x* \m \v 7 ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ \m «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، \m خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 4:104. گرېك تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:7 \xt زەب. 104‏:4 \x* \v 8 لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ \m «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ \m سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن»\+bd* ــ «ئوغلى» گرېك تىلىدا «ئوغۇل». \+bd «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنگە شۇ ئېنىقكى، بۇ سۆزلەر پادىشاھنىڭ ئۆزىگە ئېيتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:8 \xt زەب. 45‏:6\x* \m \v 9 سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ \m شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى».\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «... سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى»\+bd* ــ (8-9-ئايەت) «زەب.» 6:45-7. «مەسىھ قىلىش» ياكى «مەسىھلىمەك» توغرۇلۇق «زەبۇر» 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:9 \xt زەب. 45‏:6، 7. \x* \m \v 10 خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ \b \m «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، \m ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر...»\+bd* ــ خۇدا بۇ ئايەتتە ئۆز ئوغلىنى «رەب» دەپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىمۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «كول.» 15:1-17-ئايەتلەرگە قارالسۇن.\f*  \x + \xo 1:10 \xt زەب. 102‏:25-27 \x* \m \v 11 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، \m لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ \m ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛\x + \xo 1:11 \xt يەش. 51‏:6؛ 2پېت. 3‏:7،10. \x* \m \v 12 سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، \m شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. \m بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، \m يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر».\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «... سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر»\+bd* ــ (10-12-ئايەت) «زەب.» 25:102-27. خۇدا يەنە ئۆز ئوغلىنىڭ مەڭگۈلۈك خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:12 \xt زەب. 102‏:25-27\x* \b \m \v 13 يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ \m «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، \m مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ دېگەنىدى؟\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن»\+bd* ــ «زەب.» 2:110.\f*  \x + \xo 1:13 \xt زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ ئىبر. 10‏:12. \x* \m \v 14 شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا \add خۇدا تەرىپىدىن\add* ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا (خۇدا تەرىپىدىن) ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ 1-باب، 4-14-ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى، ئوغۇلنىڭ ھەممە پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.\f* \b \b \m \c 2 \s1 نىجاتقا سەل قارىماسلىق \m \v 1 بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن \add ھەقىقىي يولدىن\add* تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. \v 2 چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە،\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالام»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:2 \xt يار. 19‏:17،26؛ قان. 27‏:26؛ روس. 7‏:53؛ گال. 3‏:19. \x* \v 3 شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ \add جازادىن\add* قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛\x + \xo 2:3 \xt مات. 4‏:17؛ مار. 1‏:14؛ ئىبر. 12‏:25. \x* \v 4 ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن.\x + \xo 2:4 \xt مار. 16‏:20؛ روس. 14‏:3؛ 19‏:11. \x* \b \m \s1 ئىنسانلارنى شان-شەرەپ يولىغا باشلىغۇچى نىجاتكار ــ «زەبۇر» 8-كۈي توغرۇلۇق \m \v 5 بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛ \v 6 بەلكى بۇ ھەقتە \add مۇقەددەس يازمىلارنىڭ\add* بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: ــ \m «\add ئى خۇدا\add*، ئىنسان دېگەن نېمىدى، \m سەن ئۇنى سېغىنىدىكەنسەن؟ \m ئادەم بالىسى نېمىدى، \m سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن؟\x + \xo 2:6 \xt زەب. 8‏:4\x* \m \v 7 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن، \m سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ كىيدۈردۈڭسەن؛ \m ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن،...»\+bd* ــ ياكى «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازراق ۋاقىتلا تۆۋەن بېكىتكەنسەن،...». \+bd «ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ سۆزلەر تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 2:7 \xt زەب. 8‏:5-6\x* \m \v 8 سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن». \m ئەمدى «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا قالدۇرۇلمىغان، دېگەنلىكتۇر. \m بىراق، ھازىرچە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇنىڭغا بويسۇنغانلىقىنى تېخى كۆرمەيۋاتىمىز.\x + \xo 2:8 \xt زەب. 8‏:8؛ مات. 28‏:18؛ 1كور. 15‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22. \x* \v 9 لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.\x + \xo 2:9 \xt زەب. 8‏:5؛ روس. 2‏:33؛ فىل. 2‏:7، 8. \x* \m \v 10 چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا...»\+bd* ــ ئىنجىلدا «خۇدانىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى» دائىم ئەر ھەم قىز-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ۋە سىرلىق ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز.\f* \m \v 11 چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «پاك قىلغۇچى» ئەيسا مەسىھنى، «پاك قىلىنغانلار» ئۇ قۇتقۇزغانلارنى، «بىرسىدىن كەلگەن» خۇدائاتىدىن كەلگەننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەيسا مەسىھ ئۆزى قۇتقۇزغانلارنى «قېرىنداشلىرىم» دەپ ئاتايدۇ.\f*  \x + \xo 2:11 \xt روس. 17‏:26. \x* \v 12 خۇددى ئۇ \add خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك)\add*: \m «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، \m جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» دېگەن.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن»\+bd* ــ «زەب.» 22:22 («زەب.» 49:18، 9:40نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:12 \xt زەب. 22‏:22؛ 18‏:49؛ 40‏:9\x* \b \m \v 13 ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «مەن ساڭا تايىنىمەن» ... «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە»\+bd* ــ تەۋرات، «يەش.» 17:8-18. «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىشتىن ئالدىنئالا بېشارەت بەرگەن.\f*  \x + \xo 2:13 \xt يەش. 8‏:17،18. \x* \m \v 14 پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ \add شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە\add* ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «... ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ...»\+bd* ــ «ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىس» ــ گەرچە شەيتان ئىنسانلارنى بىۋاسىتە ھالاك قىلالمىسىمۇ، بىراق ئىنسانلارنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئازدۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھ، گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى بولسا مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدۇر.\f*  \x + \xo 2:14 \xt يەش. 25‏:8؛ ھوش. 13‏:14؛ يـۇھ. 1‏:14؛ 1كور. 15‏:54؛ فىل. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:10. \x* \v 15 ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. \x + \xo 2:15 \xt رىم. 8‏:15. \x* \v 16 چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛ \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ»\+bd* ــ تەۋرات «يەش.» 7:41-9نى كۆرۈڭ. «ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز (1) مەسىھنىڭ (ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئېتىقاد قىلغان) ئىنسانلارنى ياردەم قولى بىلەن تۇتۇپ قۇتقۇزىدىغانلىقى؛ (2) بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەسىھنىڭ ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆزىمۇ «ئەت ۋە قاندىن بولغان بىر تەن»دە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 17 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى. \x + \xo 2:17 \xt فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 4‏:15. \x* \v 18 چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.\x + \xo 2:18 \xt ئىبر. 4‏:15،16. \x* \b \b \m \c 3 \s1 ئوغۇل مۇسا پەيغەمبەردىن ئۈستۈن \m \v 1 شۇنداق ئىكەن، ئەي مۇقەددەس قېرىنداشلار، ئەرشتىن بولغان چاقىرىققا ئورتاق نېسىپ بولغانلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان روسۇل ۋە باش كاھىن، يەنى ئەيساغا كۆڭۈل قويۇپ قاراڭلار.\x + \xo 3:1 \xt ئىبر. 4‏:14؛ 6‏:20؛ 8‏:1؛ 9‏:11. \x* \v 2 خۇددى مۇسا \add پەيغەمبەر\add* خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئۇمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغۇچىغا سادىق بولدى.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك...»\+bd* ــ «خۇدانىڭ... ئائىلىسى» سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى «خۇدانىڭ ... ئۆيى» بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدا بۇ سۆز ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى كۆزدە تۇتۇلغانىدى. ئەيسا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولغان.\f*  \x + \xo 3:2 \xt چۆل. 12‏:7. \x* \v 3 لېكىن ئۆينى بەرپا قىلغۇچى ئۆزى بەرپا قىلغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق شۆھرەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، ئۇمۇ مۇسادىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر. \v 4 چۈنكى ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر؛ لېكىن پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر.\x + \xo 3:4 \xt 2كور. 5‏:17،18؛ ئ‍ەف. 2‏:10. \x* \v 5 مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ (خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە بولغان) خىزمىتى كۆپ جەھەتلەردە مەسىھ ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنى ئالدىنئالا كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «چۆل.» 7:12نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:5 \xt قان. 18‏:15،18. \x* \v 6 لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.\x + \xo 3:6 \xt رىم. 5‏:2؛ 1كور. 3‏:16؛ 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ 1پېت. 2‏:5. \x* \b \m \s1 زەبۇر، 95-كۈي ــ ئېتىقادسىزلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 7 شۇڭا، \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، \m بۈگۈن، ئەگەر سىلەر \add خۇدانىڭ\add* ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،\x + \xo 3:7 \xt زەب. 95‏:7؛ ئىبر. 4‏:7. \x* \m \v 8 ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك، \m يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!\x + \xo 3:8 \xt مىس. 17‏:2. \x* \m \v 9 مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ كەلگەنىدى. \m \v 10 مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ \m «بۇلار كۆڭلىدە دائىم ئاداشقانلار، \m مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن. \m \v 11 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ \m «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم».\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم»\+bd* ــ «زەب.» 7:95-11. «مېنىڭ ئاراملىقىم» ــ بىرىنچىدىن خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن بىر ئەۋلاد ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. ئىككىنچىدىن، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى، «ئاراملىق» بولسا، پەقەت زېمىننى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:11 \xt چۆل. 14‏:21-23؛ قان. 1‏:34؛ زەب. 95‏:7-11. \x* \m \v 12 ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ \v 13 پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار.\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈگۈن» يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «زەبۇر» 95-كۈيدىكى سۆز، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 14 دەسلەپتىكى خاتىرجەملىكىمىزنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساقلا، دەرۋەقە مەسىھ بىلەن شېرىك بولغان بولىمىز. \m \v 15 يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: ــ \m «بۈگۈن، ئەگەر سىلەر \add خۇدانىڭ\add* ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، \m ئەينى چاغلاردا \add ئۇنى\add* غەزەپلەندۈرگەن كۈنىدىكىدەك، \m يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»\x + \xo 3:15 \xt ئىبر. 3‏:7. \x* \b \m \v 16 (ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلەر كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن \add قۇتۇلۇپ\add* چىققان ئاشۇ \add ئىسرائىللارنىڭ\add* ھەممىسى ئەمەسمۇ؟ \v 17 ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «چۆل.» 29:14، 32نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:17 \xt چۆل. 14‏:36؛ زەب. 106‏:26؛ 1كور. 10‏:10؛ يەھ. 5. \x* \v 18 شۇنداقلا ئۇ كىملەرگە ئۆز ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيسىلەر دەپ قەسەم قىلدى؟ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 3:18 \xt قان. 1‏:34. \x* \v 19 شۇڭا بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلارنىڭ \add ئاراملىققا\add* كىرمەسلىكى ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىدى). \b \b \m \c 4 \s1 خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى ۋەدە \m \v 1 ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى \add بىزگە\add* قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى. \v 2 چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى \add چۆلدىكى ئىسرائىللارغا\add* ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى»\+bd* ــ «چۆلدىكى ئىسرائىللارغا» گرېك تىلىدا «ئۇلارغا» دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «خۇش خەۋەر» خۇدانىڭ ئاراملىقىنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتىدۇ.\f* \v 3 چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ــ ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: \m «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ \m «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ ــ دېگەن». \b \m خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛\x + \xo 4:3 \xt زەب. 95‏:11\x* \v 4 چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى».\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى»\+bd* ــ «يار.» 2:2.\f*  \x + \xo 4:4 \xt يار. 2‏:2؛ مىس. 20‏:11؛ 31‏:17. \x* \v 5 يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى»\+bd* ــ مۇئەللىپ، گەرچە چۆلدە كەزگەن ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن «خۇدانىڭ ئاراملىقى»غا كىرمىگەن بولسىمۇ، كىرىش يولى تېخىچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:5 \xt زەب. 95‏:11\x* \v 6 بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار»\+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر ئاڭلىغانلار؛ چۆل-باياۋاندا كېزىپ يۈرگەن ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ \add ئاراملىق توغرىسىدا\add* ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت \add پەيغەمبەر\add* ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: ــ \b \m «بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، \m يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»\x + \xo 4:7 \xt زەب. 95‏:7-8؛ ئىبر. 3‏:7. \x* \b \m \v 8 ئەگەر يەشۇئا \add پەيغەمبەر\add* \add ئىسرائىللارنى\add* ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر \add ئاراملىق\add* كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئەگەر يەشۇئا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر ئاراملىق كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى»\+bd* ــ يەشۇئا پەيغەمبەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسارى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى خۇدا ۋەدە بەرگەن زېمىنغا باشلاپ بارغان. «قان.» 20:3، 19:25، «يەشۇئا» 15:1نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 9 قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە»\+bd* ــ «شابات كۈنى» يەتتىنچى كۈنى، يەنى خۇدا ئارام ئالغان كۈنى ۋە ئۆز يەھۇدىي خەلقىگە بېكىتكەن «دەم ئېلىش كۈنى» ئىدى.\f* \m \v 10 چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. \f □ \fr 4:10 \ft \+bd «چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت ئۈستىدە ھەم «خۇدانىڭ ئاراملىقى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \v 11 شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ \add ئىسرائىللاردەك\add* ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى. \m \v 12 چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. \x + \xo 4:12 \xt توپ. 12‏:11؛ يەش. 49‏:2؛ ئ‍ەف. 6‏:17. \x* \v 13 ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.\x + \xo 4:13 \xt زەب. 33‏:13-15\x* \b \m \s1 باش كاھىنىمىز ئەيسا مەسىھ \m \v 14 شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. \x + \xo 4:14 \xt ئىبر. 3‏:1؛ 6‏:20؛ 8‏:1؛ 9‏:11. \x* \v 15 چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. \x + \xo 4:15 \xt يەش. 53‏:9؛ 2كور. 5‏:21؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 2‏:18؛ 1پېت. 2‏:22؛ 1يۇھ. 3‏:5. \x* \v 16 شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت \add ئايان قىلىنغۇچى\add* تەختكە يېقىنلىشايلى.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ياردەم» «ئادەمنىڭ (قۇتقۇزغىن! دېگەن) نىداسىغا يۈگۈرۈش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «مېھىر-شەپقەت ئايان قىلىنغۇچى تەخت»\+bd* ــ خۇدانىڭ تەختى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:16 \xt رىم. 3‏:25. \x* \b \b \m \c 5 \m \v 1 ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. \v 2 ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. \v 3 شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ.\x + \xo 5:3 \xt لاۋ. 9‏:7؛ 16‏:6؛ ئىبر. 7‏:26. \x* \v 4 ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ.\f □ \fr 5:4 \ft \+bd «ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ»\+bd* ــ «مىس.» 1:28دە خاتىرىلەنگەندەك، خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئاكىسى ھارۇننى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى باش كاھىنى قىلىپ تەيىنلەش ھەققىدە ئەمر بەرگەن. ھارۇن لاۋىي قەبىلىسىدىن ئىدى.\f*  \x + \xo 5:4 \xt مىس. 28‏:1؛ 1تار. 23‏:13؛ 2تار. 26‏:16. \x* \v 5 خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى \add ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا\add* ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ \b \m «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»\+bd* ــ «زەب.» 7:2.\f*  \x + \xo 5:5 \xt زەب. 2‏:7؛ روس. 13‏:33؛ ئىبر. 1‏:5. \x* \b \m \v 6 ئۇ \add مۇقەددەس يازمىلارنىڭ\add* يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ \m «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىن..»\+bd* ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ. \+bd «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن»\+bd* ــ «زەب.» 4:110.\f*  \x + \xo 5:6 \xt زەب. 110‏:4؛ ئىبر. 7‏:17. \x* \m \v 7 \add مەسىھ\add* يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى.\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «مەسىھ يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەسىھ ئەتتە تۇرغان كۈنلەردە...» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:7 \xt مات. 26‏:39؛ 27‏:46،50؛ يـۇھ. 17‏:1. \x* \v 8 گەرچە ئۇ \add خۇدانىڭ\add* ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى.\x + \xo 5:8 \xt فىل. 2‏:6. \x* \v 9 ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ،...»\+bd* ــ «بارلىققا كەلتۈرگۈچى» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يول باشلىغۇچى» ھەم «ئۇل سالغۇچى» دېگەن يەنە ئىككى مەنىنىمۇ تەڭ بىلدۈرىدۇ.\f* \v 10 خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى.\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «ئۇ (مەسىھ)... خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى»\+bd* ــ 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ.\f* \b \m \s1 ئېتىقادتىن يانماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 11 بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «بۇ ئىش توغرۇلۇق...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ توغرۇلۇق...» (يەنى، مەسىھ ھەقتە...).\f* \v 12 چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. \x + \xo 5:12 \xt 1كور. 3‏:1، 2، 3. \x* \m \v 13 چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. \v 14 بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر. \b \b \m \c 6 \s1 (داۋامى) \m \v 1‏-2 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، ــ يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. \f □ \fr 6:1‏-2 \ft \+bd ««ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش»\+bd* ــ «ئۆلۈك ئىشلار» بولسا خۇدانىڭ نىجاتىغا تايانماي قىلغان بارلىق ئىشلار؛ مۇشۇ يەردە مۇئەللىپ شۈبهىسىزكى كۆپ «دىنىي پائالىيەتلەر»نى «ئۆلۈك ئىشلار، خالاس» دېمەكچى. \+bd ««ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەر...»\+bd* ــ بۇ ئالتە «ئاساسىي تەلىم»نى شەرھلەش ئۈچۈن، بىرقانچە ئىشلار ئۈستىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ھەقتە توختىلىمىز.\f* \v 3 خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز. \f □ \fr 6:3 \ft \+bd «خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز»\+bd* ــ «خۇدا خالىغانىكەن» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «ئەگەر خۇدا خالىسا ــ ۋە ئۇ دەرۋەقە شۇنداق خالايدۇ» دەپ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 6:3 \xt روس. 18‏:21؛ 1كور. 4‏:19؛ ياق. 4‏:15. \x* \v 4‏-6 چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا.\f □ \fr 6:4‏-6 \ft \+bd «ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئەگەر يولدىن چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ، شۇنداقلا ئۇنى رەسۋا قىلىۋاتقان بولسا، مۇشۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس». بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:4‏-6 \xt مات. 12‏:31؛ ئىبر. 10‏:26؛ 1يۇھ. 5‏:16. \x* \m \v 7 چۈنكى كۆپ قېتىملاپ ئۆز ئۈستىگە ياغقان يامغۇر سۈيىنى ئىچكەن، ئۆزىدە تېرىغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر بولسا خۇدادىن بەرىكەت ئالماقتا. \v 8 بىراق تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇ ئەرزىمەس بولۇپ، لەنەتكە يېقىن بولۇپ، ئاقىۋىتى كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. \m \v 9 لېكىن ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساقمۇ، سىلەردە بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشلار، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىشلىرى بار دەپ قايىل بولدۇق. \v 10 چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس.\x + \xo 6:10 \xt پەند. 14‏:31؛ مات. 10‏:42؛ 25‏:40؛ مار. 9‏:41؛ يـۇھ. 13‏:20. \x* \m \v 11 ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛ \v 12 شۇنداقلا سۆرەلمىلەردىن بولماي، بەلكى ئېتىقاد ۋە سەۋرچانلىق ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولغايسىلەر. \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىلىرى جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ \m \v 13 چۈنكى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: \v 14 «ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ دېدى. \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، ئىبرانىي تىلىدا بۇ خىل قەسەم ئىچىش مۇنداق شەكىلدە ئىدى: «سېنى بەرىكەتلەپ بەرىكەتلەيمەن، سېنى كۆپەيتىپ كۆپەيتىمەن». بۇ شەكىلدە قەسەم ئىچكۈچى ئۆز-ئۆزى بىلەن قەسەم قىلغان دەپ ھېسابلىناتتى. بۇ ۋەدە-قەسەم ئىبراھىم ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن بېرىلگەن («يار.» 17:22دە خاتىرىلىنىدۇ).\f*  \x + \xo 6:14 \xt يار. 12‏:3؛ 17‏:4؛ 22‏:16-17؛ زەب. 105‏:8-9؛ لۇقا 1‏:73. \x* \v 15 شۇنىڭ بىلەن، \add ئىبراھىم\add* ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى. \m \v 16 چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. \x + \xo 6:16 \xt مىس. 22‏:11. \x* \v 17 شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى. \v 18 شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن \add ھالاكەتتىن\add* ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە). \f □ \fr 6:18 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق...»\+bd* ــ بۇ «ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش» بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ۋە ئۇنىڭ قەسىمى بولسا كېرەك. \+bd «كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ھالاكەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز»\+bd* ــ «ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ» دېگەن ئىبارە «مۇشۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ»، دېگەن مەنىدە.\f* \v 19 بۇ ئۈمىد جېنىمىزغا چىڭ باغلانغان كېمە لەڭگىرىدەك شۈبھىسىز ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، \add ئەرشتىكى\add* ئىبادەتخانىنىڭ \add ئىچكى\add* پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ. \f □ \fr 6:19 \ft \+bd «ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ»\+bd* ــ «ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى» دېگەن ئىبارىدە بىز «ئەرشتىكى» دېگەن سۆزنى قوشۇپ كىرگۈزدۇق. چۈنكى «ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى» يەر يۈزىدىكى ئىبادەتخانىنى كۆرسەتكەن ئەمەس، بەلكى ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ (5:8نى كۆرۈڭ). دېمەك، ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاسماندىكى ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن چىڭ ئالاقىسى باردۇر.\f* \v 20 ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى.\f □ \fr 6:20 \ft \+bd «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى»\+bd* ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ.\f*  \x + \xo 6:20 \xt ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 8‏:1؛ 9‏:11. \x* \b \b \m \c 7 \s1 مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ھەققىدە •••• «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 17:14-19نى كۆرۈڭ \m \v 1 چۈنكى بۇ مەلكىزەدەك سالېم شەھىرىنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ كاھىنى بولۇپ، ئىبراھىم پادىشاھلارنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى.\f □ \fr 7:1 \ft \+bd «سالېم شەھىرى»\+bd* ــ يەنى يېرۇسالېم؛ «سالېم»نىڭ مەنىسى «سالام، ئامانلىق»تۇر.\f*  \x + \xo 7:1 \xt يار. 14‏:17-20. \x* \v 2 ئىبراھىم بولسا ئېرىشكەن بارلىق \add ئولجىسىنىڭ\add* ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. \add مەلكىزەدەك دېگەن ئىسىمنىڭ\add* بىرىنچى مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «سالېمنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ \v 3 ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ.\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \m \v 4 ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. \v 5 دەرۋەقە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىنلىقنى زىممىسىگە ئالغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىغا قارىماي تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى ئەمر قىلىنغان.\f □ \fr 7:5 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنى...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئىبراھىمنىڭ چاتىرىقىدىن چىققانلار...» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 7:5 \xt چۆل. 18‏:21؛ قان. 18‏:1؛ يە. 14‏:4؛ 2تار. 31‏:5. \x* \v 6 لېكىن بۇلارنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقىدىن بولمىغان مەلكىزەدەك بولسا ئىبراھىمدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى قوبۇل قىلغان ئاندىن خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىگە بولغۇچى ئىبراھىمغا بەخت تىلىگەن.\x + \xo 7:6 \xt يار. 14‏:20. \x* \v 7 شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «بەخت تىلىگۈچى»\+bd* ــ ياكى «بەخت ئاتا قىلغۇچى».\f* \v 8 بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا (مۇقەددەس يازمىلاردا) «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر»\+bd* ــ «ئۆلىدىغان ئادەملەر» لاۋىيلىق كاھىنلارنى، «ھايات ياشىغۇچى» بولسا مەلكىزەدەكنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 9 ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ \add ئەجدادى\add* ئىبراھىم ئارقىلىق \add مەلكىزەدەككە\add* ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن. \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق (مەلكىزەدەككە) ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن»\+bd* ــ ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالغىنى لاۋىي ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى «لاۋىيلار»دۇر.\f* \v 10 چۈنكى مەلكىزەدەك ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا، لاۋىينى \add كەلگۈسىدىكى پۇشتى بولۇش سۈپىتىدە\add* يەنىلا ئىبراھىمنىڭ تېنىدە ئىدى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. \m \v 11 ئەمدى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ئارقىلىق مۇكەممەل ھەققانىيلىق كېلەلەيدىغان بولسا (چۈنكى شۇ تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەۋرات قانۇنى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەنىدى)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھارۇننىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە باشقا بىر كاھىننىڭ چىقىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بولاتتى؟\x + \xo 7:11 \xt گال. 2‏:21. \x* \m \v 12 ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا \add مۇناسىۋەتلىك\add* قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. \v 13 چۈنكى بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر قارىتىلغان زات بولسا باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانگاھتا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. \v 14 چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى.\f □ \fr 7:14 \ft \+bd «چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە كاھىنلار لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان.\f*  \x + \xo 7:14 \xt يەش. 11‏:1؛ مات. 1‏:3. \x* \m \v 15 ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ؛ \f □ \fr 7:15 \ft \+bd «ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ»\+bd* ــ «بۇ ئۆزگىرىش» گرېك تىلىدا «بۇ ئىش» دېيىلىدۇ. «بۇ ئىش»نىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق باشقا پىكىردە بولغان بەزى ئالىملار بار.\f* \v 16 ئۇنىڭ \add كاھىنلىققا\add* تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر.\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «... ئۇنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر»\+bd* ــ «ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمەس» ــ گرېك تىلىدا «ئەتلىك (دېمەك، ئىنساننىڭ ئەتلىرىگە قارايدىغان) بىر ئەمر بويىچە ئەمەس،...». دېمەك، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە كاھىنلار لاۋىي قەبىلىسىدىن بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ھېچقانداق بىر قەبىلە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت مەڭگۈ ھايات كىشى بۇنىڭغا لايىق كېلەتتى.\f* \m \v 17 چۈنكى بۇ ھەقتە \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. \f □ \fr 7:17 \ft \+bd «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن»\+bd* ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق يەنە 7-باب 1-2-ئايەتلەر ۋە «زەبۇر»دىكى 110-كۈيگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ.\f*  \x + \xo 7:17 \xt زەب. 110‏:4؛ ئىبر. 5‏:6. \x* \v 18 چۈنكى ئالدىنقى ئەمر-تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان \v 19 (ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى). ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىندى. \x + \xo 7:19 \xt يـۇھ. 1‏:17؛ روس. 13‏:39؛ رىم. 3‏:21،28؛ 8‏:3؛ گال. 2‏:16. \x* \v 20‏-21 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش \add خۇدانىڭ\add* قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار \add خۇدانىڭ\add* قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ \m «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى). \f □ \fr 7:20‏-21 \ft \+bd «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى»\+bd* ــ زەبۇردىكى (4:110) تولۇق بايان بولسا: «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن»».\f*  \x + \xo 7:20‏-21 \xt زەب. 110‏:4. \x* \v 22 ئەمدى ئەيسا شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بىلەن ئەۋزەل بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى. \m \v 23 يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ \add ھەربىرى\add* ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. \v 24 لېكىن \add ئەيسا\add* مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. \v 25 شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر.\x + \xo 7:25 \xt 1تىم. 2‏:5؛ 1يۇھ. 2‏:1. \x* \m \v 26 مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان ــ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر. \v 27 ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. \x + \xo 7:27 \xt لاۋ. 9‏:7؛ 16‏:6؛ ئىبر. 5‏:3. \x* \v 28 چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. \b \b \m \c 8 \s1 باش كاھىنىمىز ئەيسا مەسىھ ــ ئەۋزەل كاھىن، ئەۋزەل ئەھدە \m \v 1 ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار.\x + \xo 8:1 \xt ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 6‏:20؛ 9‏:11؛ 12‏:2. \x* \v 2 ئۇ مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd «ئۇ (مەسىھ) مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر»\+bd* ــ «مۇقەددەس جايلار» بولسا «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى.\f* \m \v 3 ھەربىر باش كاھىن ھەدىيە ھەم قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، \add بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ\add* بىرەر سۇنىدىغىنى بولۇش كېرەك ئىدى.\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭمۇ...».\f*  \x + \xo 8:3 \xt ئ‍ەف. 5‏:2. \x* \v 4 دەرۋەقە ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز كاھىن بولمايتتى؛ چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇن-تۈزۈمى بويىچە ھەدىيە سۇنىدىغان كاھىنلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر \v 5 (بۇ \add كاھىنلار\add* خىزمەت قىلىدىغان \add ئىبادەت چېدىرى\add* پەقەتلا ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. مۇسا دەل بۇ ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئېھتىيات قىلغىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان).\x + \xo 8:5 \xt مىس. 25‏:40؛ روس. 7‏:44؛ كول. 2‏:17؛ ئىبر. 10‏:1. \x* \v 6 لېكىن ھازىر ئۇ (\add كونا ئەھدىگە ئائىت\add* ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ.\f □ \fr 8:6 \ft \+bd «لېكىن ھازىر ئۇ ... تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئەھدە «يېڭى ئەھدە»، 8-12-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:6 \xt 2كور. 3‏:6. \x* \m \v 7 ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى.\f □ \fr 8:7 \ft \+bd «ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى»\+bd* ــ نېمىشقا روسۇل مۇشۇ يەردە: «كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشكە ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» دەيدۇ، پەقەتلا «كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» دېمەيدۇ؟ بەلكىم ئۇ «يېڭى ئەھدە» بېشارەت قىلغان پەيغەمبەرلەر (يەرەمىيا، ئەزاكىيال، يەشايا قاتارلىقلار)نى كۆزدە تۇتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزى «يېڭى قەلب، يېڭى روھ»قا ئىگە بولۇشقا تەشنا بولۇپ ئىزدىگەن، «يېڭى ئەھدە» دەل مۇشۇلارغا ئايان قىلىنغان.\f* \v 8 لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، \add ئىسرائىللارغا\add* مۇنداق دېگەن: ــ \m «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگەن: ــ «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن»\+bd* ــ خۇدا ئۆزى بېكىتكەن كونا ئەھدىنى «يېتەرسىز كۆرگەن»لىكى ھەيران قالارلىق كۆرۈنىدۇ، ئەلۋەتتە. يېتەرسىزلىكى بولسا دەل 19:7دە كۆرسىتىلگەندەك «تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى». «يېڭى ئەھدە» پەقەتلا خۇدانىڭ مۇكەممەل ھەققانىيلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەققانىيلىقنىڭ ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە قانداق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 8:8 \xt يەر. 31‏:31-34. \x* \v 9 بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمدە تۇرمىدى، مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 10 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ \m «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. \f □ \fr 8:10 \ft \+bd «چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى...»\+bd* ــ يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتىدە، «شۇ كۈنلەردىن كېيىن» دېگەن ئىبارە خۇدا خەلقىنى ئۆز يۇرتىغا بابىلوندىن قايتۇرغاندىن كېيىنكى كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 11 شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يۇرتدىشىغا، ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە مېنى بىلىپ بولغان بولىدۇ؛ \x + \xo 8:11 \xt يـۇھ. 6‏:45،65؛ 1يۇھ. 2‏:27. \x* \v 12 چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن».\x + \xo 8:12 \xt يەر. 31‏:31-34. \x* \m \v 13 ئەمدى خۇدانىڭ بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىشى بۇرۇنقىسىنى «كونا» دېگەنلىكىدۇر؛ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان ئىش بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ. \b \b \m \c 9 \s1 كونا ئەھدە دەۋرىدىكى ئىبادەت \m \v 1 بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى. \v 2 بۇنىڭغا بىر ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەنىدى؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بىرىنچى بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ھەم شىرە ئۈستىدە رەتلەنگەن نانلار بولاتتى.\x + \xo 9:2 \xt مىس. 26‏:1؛ 36‏:1؛ لاۋ. 24‏:5. \x* \v 3 ئۇنىڭ ئىككىنچى، \add يەنى ئىچكى\add* پەردىسىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى بار ئىدى.\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى»\+bd* ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەسلەرنىڭ مۇقەددىسى».\f* \v 4 شۇ يەرگە تەۋە بولغان ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى ۋە ئىككى ئەھدە \add تاش\add* تاختىسى بار ئىدى.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك»\+bd* ــ «ماننا» خۇدا چۆل-باياۋاندا ئىسرائىللارغا بەرگەن «ئاسماندىكى نان» ــ «مىس.» 31:16كە قارالسۇن. \+bd «ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى»\+bd* ــ خۇدا ھارۇننى يېتەكچى قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاسىسىنى بىخلاتقانىدى («چۆل.» 16-17-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «ئىككى ئەھدە تاش تاختىسى»\+bd* ــ بۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئون پەرمان» ياكى «ئون پەرھىز» يېزالغانىدى («مىس.» 18:31 ۋە 28:34نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:4 \xt مىس. 25‏:10؛ 34‏:29؛ چۆل. 17‏:25؛ 1پاد. 8‏:9؛ 2تار. 5‏:10. \x* \v 5 \add ساندۇق\add* ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس.\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «كافارەت تەختى»\+bd* ــ ياكى «رەھىمگاھ» ياكى «رەھىم كۆرسىتىدىغان تەخت». «مىس.» 22:25-34نى كۆرۈڭ. \+bd ««كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى»\+bd* ــ بۇ ئىشلار توغرىسىدا «مىس.» 10:25-22، 6:37-9نى كۆرۈڭ. \+bd «ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس»\+bd* ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان نىجاتتىن «بېشارەت بېرىدىغان كۆلەڭگە» ئىدى. بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرگە ۋە 5:8كە قارىغاندا، شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ھەتتا بۇ كونا ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىچىككىنە تەپسىلاتلىرىمۇ «بېشارەتلىك كۆلەڭگە» ياكى «سىمۋول» ئىدى. «ماننا» ئۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. «يۇھ.» 30:6-35دە ئەيسانىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ («رىم.» 4:14، «كول.» 16:2-17نىمۇ كۆرۈڭ). خۇدا بۇيرۇسا بۇ ئۇلۇغ ۋە قىزىق نۇقتىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىدىغان كىتابچىنى كېيىن چىقارماقچىمىز.\f*  \x + \xo 9:5 \xt مىس. 25‏:22. \x* \m \v 6 بۇ نەرسىلەر مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كاھىنلار چېدىرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە \add (يەبى «مۇقەددەس جاي»غا)\add* ھەردائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىدۇ.\x + \xo 9:6 \xt چۆل. 28‏:3. \x* \v 7 بىراق، \add «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان\add* ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش كاھىن يىلدا بىر قېتىملا كىرىدۇ. كاھىن ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان \add قۇربانلىق\add* قېنىنى ئالماي كىرمەيدۇ.\x + \xo 9:7 \xt مىس. 30‏:10؛ لاۋ. 16‏:2،34؛ ئىبر. 9‏:25. \x* \v 8 بۇ ئىشلار ئارقىلىق مۇقەددەس روھ شۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول يەنىلا ئېچىلمايدۇ.\f □ \fr 9:8 \ft \+bd «بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا»\+bd* ــ «بىرىنچى ئىبادەت چېدىرى» دېگەن سۆز چېدىرنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى (ئۇنىڭدا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 9:8 \xt يـۇھ. 14‏:6. \x* \v 9 مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ. \v 10 ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، \add قانۇن-تۈزۈم\add* تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر.\x + \xo 9:10 \xt لاۋ. 11‏:2؛ چۆل. 19‏:7-22. \x* \m \v 11 لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. \x + \xo 9:11 \xt ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 6‏:20؛ 8‏:1. \x* \v 12 ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ \add قۇربانلىق\add* قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ \add قۇربانلىق\add* قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. \f □ \fr 9:12 \ft \+bd «ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى»\+bd* ــ «مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجات» بولسا گۇناھلاردىن بولغان ئازادلىق-نىجاتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھنىڭ ئىگىلىگىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بارلىق ئىنسانلار (ئېتىقاد قىلغان بولسا) ئۈچۈن، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 9:12 \xt روس. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 10‏:10؛ 1پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:5؛ 5‏:9\x* \v 13 \add كونا ئەھدە دەۋرىدە\add* ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈللىرى ناپاك بولغانلارنىڭ ئۈستىگە سېپىلسە، ئۇلارنى ئەت جەھەتىدىن تازىلاپ پاك قىلغان يەردە، \x + \xo 9:13 \xt لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4؛ ئىبر. 10‏:4. \x* \v 14 ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟!\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھ...»\+bd* ــ «مەڭگۈلۈك روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى.\f*  \x + \xo 9:14 \xt لۇقا 1‏:74؛ رىم. 6‏:13؛ گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 4‏:2؛ 1يۇھ. 1‏:7؛ ۋەھ. 1‏:5. \x* \m \v 15 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ.\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن»\+bd* ــ «شۇنداق بىر ئۆلۈم» ــ مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 9:15 \xt رىم. 5‏:6؛ 1پېت. 3‏:18. \x* \m \v 16 ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. \v 17 چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. \f □ \fr 9:17 \ft \+bd «17-16-ئايەت»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ئەھدە تۈزۈلسە، ئەھدە تۈزۈلگۈچى قۇربانلىق ئۆلۈشى كېرەك. ئەھدە قۇربانلىقى قىلىنغۇچى ئۆلىسە، ئەھدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ قۇربانلىق تېخى ھاياتلا بولسا، ئەھدە ھېچقانداق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ».\f*  \x + \xo 9:17 \xt گال. 3‏:15. \x* \v 18 شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. \v 19 چۈنكى مۇسا تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان زوفا بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سېپىپ، ئۇلارغا: \v 20 «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېدى. \f □ \fr 9:20 \ft \+bd «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر»\+bd* ــ دېمەك، ئەھدە بۇ قان ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىنغان. «مىس.» 5:24-8نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:20 \xt مىس. 24‏:8؛ مات. 26‏:28. \x* \v 21 ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. \v 22 دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ \add قۇربانلىق\add* قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. \m \v 23 خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق \add قۇربانلىقلار\add* بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. \v 24 چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى.\f □ \fr 9:24 \ft \+bd «ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جاي»\+bd* ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەس جايلار» دېيىلىدۇ ــ «مۇقەددەس جاي» ئاندىن «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى.\f* \m \v 25 \add يەر يۈزىدىكى\add* باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى \add قۇربانلىقلارنىڭ\add* قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. \x + \xo 9:25 \xt مىس. 30‏:10؛ لاۋ. 16‏:2،34؛ ئىبر. 9‏:7. \x* \v 26 ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. \v 27 ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، \v 28 مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ.\f □ \fr 9:28 \ft \+bd «مەسىھ... ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ»\+bd* ــ «گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا» گرېك تىلىدا «گۇناھ يوق ھالدا». بىزنىڭچە «گۇناھ يوق ھالدا» دېگەن ئىبارە مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دېيىلگەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېنىق)، بەلكى ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى تۈگىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. \fp «گۇناھ يوق ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر چۈشەنچىسى: «(مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىمكى كېلىشى) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 9:28 \xt رىم. 5‏:6، 8؛ 1پېت. 3‏:18. \x* \b \b \m \c 10 \s1 مەسىھنىڭ بىر قېتىملىق قۇربانلىقى \m \v 1 تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق \add خۇداغا\add* يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ.\x + \xo 10:1 \xt كول. 2‏:17؛ ئىبر. 8‏:5. \x* \v 2 بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. \v 3 ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. \v 4 چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ.\x + \xo 10:4 \xt لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4؛ ئىبر. 9‏:13. \x* \v 5 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ \m «نە قۇربانلىق، نە ئاتىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بولسا سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، \m بىراق سەن مەن ئۈچۈن بىر تەن تەييارلاپ بەردىڭ؛\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ»\+bd* ــ «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:5 \xt زەب. 40‏:6؛ يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21. \x* \m \v 6 نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛ \m \v 7 شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! \m ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ \m ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم».\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «....شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم»»\+bd* ــ (5-7-ئايەت) «زەب.» 6:40-8 (كونا گرېك «سېپتۇئاگىنت» (LXX) تەرجىمىسىدىن). بۇ ئايەتلەردە تەۋراتتىكى تۆت خىل ئاساسىي قۇربانلىق (ئىناقلىق ياكى تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى (رەھمەت قۇربانلىقلىرى)، ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە ۋە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار) تىلغا ئېلىنىدۇ. \fp دېمىسەكمۇ، مەسىھ بۇ سۆزلەرنى ئۆزى دۇنياغا كېلىشىدىن 1000 يىلچە بۇرۇن ئۆز روھى ئارقىلىق زەبۇردا داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاغزىدىن بېشارەت سۈپىتىدە ئالدىنئالا ئېيتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:7 \xt زەب. 40‏:7، 8.\x* \b \m \v 8 ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن \v 9 يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، \add خۇدا\add* كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. \f □ \fr 10:9 \ft \+bd «دېمەك، خۇدا كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ»\+bd* ــ «ئالدىنقىسى» بەلكىم (1) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كونا ئەھدىگە مۇناسىۋەتلىك قۇربانلىقلارنى ياكى (2) كونا ئەھدىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ؛ «كېيىنكىسى» (ياكى «ئىككىنچىسى») بولسا (3) ئەيسا مەسىھنىڭ بىردىنبىر قۇربانلىقى ياكى (4) 9-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە (1) ۋە (4) ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە مۇۋاپىقتۇر. يېڭى ئەھدىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش»دىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىرادە مەسىھنىڭ بىزنى گۇناھدىن قۇتقۇزىدىغان قۇربانلىق ئۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. \fp دېمەك، بۇ باشقا-باشقا كۆزقاراشلار ئارىسىدىكى پەرقلەر ئانچە چوڭ ئەمەس.\f* \v 10 خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، \add خۇداغا\add* ئاتالدۇق.\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق»\+bd* ــ «گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: «مۇقەددەسلەشتۈرۈلدۇق» ياكى «پاك-مۇقەددەس قىلىندۇق». ئىنجىل بويىچە «مۇقەددەس» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەزمۇنى بار: (1) گۇناھدىن پاكلانغان؛ (2) خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان.\f*  \x + \xo 10:10 \xt ئىبر. 9‏:12. \x* \m \v 11 ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى \add خۇداغا\add* قايتا-قايتا سۇنىدۇ. \v 12 بىراق، بۇ \add كاھىن\add* بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛ \f □ \fr 10:12 \ft \+bd «بىراق، بۇ كاھىن بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، كونا ئەھدە دەۋرىدە كاھىنلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئايىغى يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن دائىم «\+bd تۇراتتى\+bd*» (ئۆرە تۇراتتى، ئىبادەت چېدىرىدا ئورۇندۇق يوق ئىدى). لېكىن ئەيسا بىز ئۈچۈن ئۆزىنى بىرلا قۇربانلىق سۇنغاندىن كېيىن «\+bd ئولتۇردى\+bd*».\f*  \x + \xo 10:12 \xt زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:13. \x* \v 13 ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ. \f □ \fr 10:13 \ft \+bd «ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ»\+bd* ــ 13:2 ۋە «زەب.» 110نى كۆرۈڭ.\f* \v 14 ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى. \v 15 \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* \add پۈتۈلگەندەك\add*، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ \m \v 16 «ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \m مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، \m ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ \x + \xo 10:16 \xt يەر. 31‏:31-34؛ رىم. 11‏:27؛ ئىبر. 8‏:8. \x* \m \v 17 «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن.\f □ \fr 10:17 \ft \+bd «...ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن»\+bd* ــ (16-17-ئايەت) «يەر.» 31:31-34.\f*  \x + \xo 10:17 \xt يەر. 31‏:33،34. \x* \m \v 18 ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ. \b \m \s1 ئەمدى خۇداغا يېقىنلىشايلى! \m \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، \x + \xo 10:19 \xt يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:13؛ 3‏:12. \x* \v 20 (ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) \v 21 شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، \f □ \fr 10:21 \ft \+bd «شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، ...»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئائىلىسى» ئېتىقادچى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 22 دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى! \f □ \fr 10:22 \ft \+bd «دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر يېڭى ئەھدە ئاستىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كونا ئەھدە ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ كونا ئەھدە ئاستىدىكىلەر كاھىن تەرىپىدىن قۇربانلىق قانلىرى سېپىلىشى ئارقىلىق «گۇناھلىرى يېپىلغان» ياكى «كافارەت قىلىنغان». ئەمدى يېڭى ئەھدە ئاستىدىكىلەرنىڭ دىللىرى ئەيسانىڭ قۇربانلىق قېنى سېپىلىش بىلەن، ۋىجدانىدا ھېچقانداق بۇلغىنىشلار قالمايدۇ. \+bd «بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 10:22 \xt ئ‍ەز. 36‏:25. \x* \v 23 ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر) \v 24 ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. \v 25 بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.\f □ \fr 10:25 \ft \+bd «بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى»\+bd* ــ «شۇ كۈن» مەسىھنىڭ بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىنجىلنى يازغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر كۈن، يەنى «شۇ كۈن»لا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. \fp \fp گرېك تىلىدا 19-25-ئايەتلەر بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 26 ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، \x + \xo 10:26 \xt چۆل. 15‏:30؛ مات. 12‏:31؛ ئىبر. 6‏:4؛ 2پېت. 2‏:20؛ 1يۇھ. 5‏:16. \x* \v 27 بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. \f □ \fr 10:27 \ft \+bd «بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 28 ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. \x + \xo 10:28 \xt چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1. \x* \v 29 ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟ \m \v 30 چۈنكى \add تەۋراتتا\add* «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز. \f □ \fr 10:30 \ft \+bd «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ... «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ»»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «قان.» 35:32 ۋە 36دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 10:30 \xt قان. 32‏:35، 36؛ رىم. 12‏:19. \x* \v 31 مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە! \m \v 32 ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. \f □ \fr 10:32 \ft \+bd «ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ئېتىقادتا چىڭ تۈرغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئەلۋەتتە.\f* \v 33 بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. \v 34 چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. \f □ \fr 10:34 \ft \+bd «چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار»\+bd* ــ بۇ مەھبۇسلار ئېتىقاد ئۈچۈن زىنداندا ياتقان. \+bd «ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ،... خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار»\+bd* ــ «مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندا» ــ مۇشۇ ئىشنىڭ تارىخىي تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:34 \xt مات. 5‏:12؛ روس. 21‏:33. \x* \v 35 شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ. \m \v 36 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. \x + \xo 10:36 \xt لۇقا 21‏:19. \x* \v 37 چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* \add خۇدا\add* مۇنداق دېگەن: ــ \m «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»، \m «كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، \m ئۇ كېچىكمەيدۇ.\f □ \fr 10:37 \ft \+bd «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»... كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 20:26، «ھاب.» 3:2.\f*  \x + \xo 10:37 \xt ھاب. 2‏:2-3؛ ھاگ. 2‏:7؛ 1پېت. 1‏:6؛ 5‏:10. \x* \m \v 38 بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ \m لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، \m جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ».\f □ \fr 10:38 \ft \+bd «بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «مېنىڭ ھەققانىي ئادىمىم ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ» دېيىلىدۇ. \+bd «بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ»»\+bd* ــ «ھاب.» 4:2.\f*  \x + \xo 10:38 \xt ھاب. 2‏:4؛ رىم. 1‏:17؛ گال. 3‏:11. \x* \v 39 ھالبۇكى، بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز.\f □ \fr 10:39 \ft \+bd «... بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «جان» جىسمانىي تەرەپ ئەمەس، بەلكى روھىي تەرەپتىكى ھاياتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 11 \s1 ئېتىقاد-ئىشەنچ ــ ئۆتكەنكى گۇۋاھچىلار \m \v 1 ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر.\f □ \fr 11:1 \ft \+bd «ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى»\+bd* ــ ياكى «ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ مۇتلەق خاتىرجەملىكى». دېمىسەكمۇ، ئىنجىلدا «ئۈمىد» دائىم دېگۈدەك مۈجمەل بىر ئارزۇ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە چىڭ باغلانغان ئىشتۇر.\f* \v 2 چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن \add خۇدادىن كەلگەن\add* ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان.\f □ \fr 11:2 \ft \+bd «چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن خۇدادىن كەلگەن ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان»\+bd* ــ «بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «ئاقساقاللىرىمىز». دېمەك، ئىبرانىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئېتىقاد تەرىپىدە ئۈلگىلەر ۋە يول باشلىغۇچى بولغانلار.\f* \m \v 3 بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى ... چۈشىنەلەيمىز»\+bd* ــ ياكى «بىز ئېتىقاد ئارقىلىق دەۋر-زامانلارنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى ... چۈشىنەلەيمىز.».\f*  \x + \xo 11:3 \xt يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:10؛ رىم. 4‏:17؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16. \x* \m \v 4 ئېتىقادى بولغاچقا ھابىل قابىلنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىغان؛ ئېتىقادى بولغاچقا خۇدا ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ھەققانىي دەپ گۇۋاھلىق بەردى. گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن ئۇ يەنىلا بىزگە گەپ قىلماقتا.\x + \xo 11:4 \xt يار. 4‏:4؛ مات. 23‏:35. \x* \m \v 5 ئېتىقادى بولغاچقا، ھانوخ ئۆلۈمنى كۆرمەيلا \add ئەرشكە\add* كۆتۈرۈلدى؛ خۇدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ تېپىلمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم دەپ تەرىپلەنگەنىدى.\x + \xo 11:5 \xt يار. 5‏:22،24. \x* \v 6 ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. \m \v 7 ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ .. . ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى»\+bd* ــ «يوغان كېمە» گرېك تىلىدا «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى كېمە ساندۇق شەكلىدە ئىدى («يار.» 6-7-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:7 \xt يار. 6‏:13. \x* \m \v 8 ئېتىقادى بولغاچقا، خۇدا ئىبراھىمنى ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە بەرمەكچى بولغان زېمىنغا بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئىتائەت قىلدى؛ ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.\x + \xo 11:8 \xt يار. 12‏:4. \x* \v 9 ئېتىقادى بولغاچقا ئۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىندا، خۇددى ياقا يۇرتتا تۇرغاندەك مۇساپىر بولۇپ چېدىرلارنى ماكان قىلىپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئورتاق مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ياشىدى. \v 10 ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر. \m \v 11 ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى. \f □ \fr 11:11 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە بۇ جۈملىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئېتىقاد ئىگىسى ساراھ ئەمەس، بەلكى ئىبراھىم دەپ قارىلىدۇ. بىرنەچچە سەۋەبلەردىن (جۈملىدىن بالا تۇغۇشتا كۈچ، يەنى ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارى كېرەك بولغىنى ئەر كىشى ئەمەس، بەلكى ئايال كىشى بولغانلىقىدىن!)، كۆرسىتىلگەن ئېتىقادچىنى ساراھ دەپ قارايمىز. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىدىن گۇمانلانغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنگەن بولۇپ ئاندىن چىڭ ئېتىقادتا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن («يار.» 1:18-15نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:11 \xt يار. 17‏:19؛ 21‏:2؛ لۇقا 1‏:36. \x* \v 12 بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى.\x + \xo 11:12 \xt يار. 15‏:5؛ 22‏:17؛ رىم. 4‏:18. \x* \m \v 13 بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى. \x + \xo 11:13 \xt يار. 23‏:4؛ 47‏:9؛ يـۇھ. 8‏:53. \x* \v 14 بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. \v 15 دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى. \v 16 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان.\x + \xo 11:16 \xt مىس. 3‏:6؛ مات. 22‏:32؛ روس. 7‏:32. \x* \m \v 17‏-18 ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى بولغاچقا ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى؛ گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن «سېنىڭ نامىڭنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەسلىڭ بولسا ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگىنىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى. \x + \xo 11:17‏-18 \xt يار. 22‏:10؛ يار. 21‏:12؛ رىم. 9‏:7؛ گال. 3‏:29. \x* \v 19 چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندەك قايتىدىن تاپشۇرۇۋالدى. \m \v 20 ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلدى.\x + \xo 11:20 \xt يار. 27‏:28،39. \x* \m \v 21 ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى»\+bd* ــ «يار.» 31:47 (گرېك تىلىدىكى «سەپتۇئاگىنت» (LXX) دېگەن تەرجىمىسى)نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:21 \xt يار. 47‏:31؛ 48‏:15. \x* \v 22 ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى.\f □ \fr 11:22 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى»\+bd* ــ يۈسۈپنىڭ ئەمرى بولسا «سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا مېنىڭ ئۇستىخانلىرىمنى ئېلىپ كېتىڭلار» دېگەنلىك ئىدى. «يار.» 24:50 ۋە «مىس.» 19:18نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:22 \xt يار. 50‏:24. \x* \m \v 23 ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. \f □ \fr 11:23 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى»\+bd* ــ «يېقىملىق بىر بالا» بۇ سۆز چوقۇم مۇسانىڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى، ئۇنىڭ خۇداغا ياقىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك («روس.» 20:7نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:23 \xt مىس. 2‏:2؛ روس. 7‏:20. \x* \v 24 ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ، \v 25 گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. \x + \xo 11:25 \xt زەب. 84‏:10\x* \v 26 ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى \add ئەرشتىكى\add* ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. \f □ \fr 11:26 \ft \+bd «ئۇ (مۇسا) مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى...»\+bd* ــ «مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەت» دېگەن سۆز بەلكىم مەسىھنىڭ ھەردائىم (ھەتتا دۇنياغا كېلىشىدىن ئىلگىرى) ئۆز خەلقى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاجايىب ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \v 27 ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. \add جاپا-مۇشەققەتكە\add* چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى. \v 28 ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» \add پەرىشتىنىڭ\add* \add ئىسرائىللارغا\add* تەگمەسلىكى ئۈچۈن \add تۇنجى\add* «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى \add بۇيرۇلغىنى بويىچە\add* سېپىپ-سۈركىدى.\f □ \fr 11:28 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن تۇنجى «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى بۇيرۇلغىنى بويىچە سېپىپ-سۈركىدى»\+bd* ــ بۇ ۋەقەلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىس.» 12-بابقا قارالسۇن.\f*  \x + \xo 11:28 \xt مىس. 12‏:21. \x* \m \v 29 ئېتىقادى بولغاچقا، \add ئىسرائىللار\add* قىزىل دېڭىزدىن خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق \add ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن\add* مىسىرلىقلار ئۆتمەكچى بولغاندا سۇغا غەرق بولدى.\x + \xo 11:29 \xt مىس. 14‏:22. \x* \m \v 30 ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى.\f □ \fr 11:30 \ft \+bd «ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى»\+bd* ــ يېرىخو شەھىرى ئىسرائىللار مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانائان زېمىنىدا جەڭ قىلمايلا ئىگىلىگەن تۇنجى شەھەر. «يەشۇئا» 6-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:30 \xt يە. 6‏:20. \x* \m \v 31 ئېتىقادى بولغاچقا، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، ئىتائەتسىزلەر \add بولغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر\add* بىلەن بىرلىكتە ھالاك بولمىدى.\x + \xo 11:31 \xt يە. 2‏:1؛ 6‏:23؛ ياق. 2‏:25. \x* \m \v 32 مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. \x + \xo 11:32 \xt ھاك. 4‏:6؛ 6‏:11؛ 11‏:1؛ 12‏:7؛ 13‏:24؛ 1سام. 17‏:45؛ 1سام. 12‏:2. \x* \v 33 ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، \add خۇدا\add* ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، \f □ \fr 11:33 \ft \+bd «ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى...»\+bd* ــ «ئادالەت يۈرگۈزدى» بەلكىم داۋۇتتەك ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراشلىرىنى، ياكى ئايۇپتەك باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىشنى (مەسىلەن، «ئايۇپ» 12:29-17، 31-بابنى كۆرۈڭ) كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ... خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى...»\+bd* ــ بىر قېتىم دانىيال پەيغەمبەر شىر ئۇۋىسىغا تاشلانغان، بىراق ئۇ خۇداغا بولغان ئېتىقادى ۋەجىدىن شىرلاردىن قۇتۇلۇپ قالغان. «دان.» 6-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:33 \xt ھاك. 14‏:6؛ 1سام. 17‏:34؛ دان. 6‏:23. \x* \v 34 دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. \f □ \fr 11:34 \ft \+bd «دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى،...»\+bd* ــ مەسىلەن، «دان.» 3-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:34 \xt 1سام. 20‏:1؛ 1پاد. 19‏:3؛ 2پاد. 6‏:16؛ ئايۇپ 42‏:10؛ زەب. 66‏:12؛ يەش. 38‏:21؛ يو. 3‏:10\x* \v 35 \add ئېتىقادى بولغاچقا\add*، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. \x + \xo 11:35 \xt 1پاد. 17‏:23؛ 2پاد. 4‏:36؛ روس. 22‏:25. \x* \v 36 يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ \f □ \fr 11:36 \ft \+bd «يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى»\+bd* ــ تەۋراتتا مۇشۇنداق مىساللار نۇرغۇن. 35-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئازابلار ۋە ئۇشبۇ بابتا بەزى باشقا ئىشلار «ماكاببىيلار» دېگەن تارىخىي كىتاب (1-، 2- ۋە 4-توم)دا خاتىرىلىنىدۇ. بۇ كىتاب تەۋراتنىڭ بىر قىسمى بولمىسىمۇ، تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئاساسەن ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ.\f*  \x + \xo 11:36 \xt يەر. 20‏:2. \x* \v 37 ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى \f □ \fr 11:37 \ft \+bd «...ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى...»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ بەزى تارىخلىرى بويىچە ماناسسەھ پادىشاھ يەشايا پەيغەمبەرنى شۇنداق قىلغان. تەۋرات ئۆزىدە مۇشۇ تارىخ خاتىرىلەنمىگەن.\f*  \x + \xo 11:37 \xt 1پاد. 21‏:13؛ 2پاد. 1‏:8؛ مات. 3‏:4. \x* \v 38 (ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى. \m \v 39 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق. \f □ \fr 11:39 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق»\+bd* ــ «ئېرىشكىنى يوق» دېگەنلىك يەر يۈزىدە تىرىك ۋاقتىدا ئېرىشمىگەن، دېمەكچى. تىرىلگەندە پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە!\f* \v 40 ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ.\f □ \fr 11:40 \ft \+bd «ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلار بىزنى كۈتۈشى كېرەك، يېڭى ئەھدىدىن بەھرىمەن بولغان ئېتىقادچى بىزلەر بىلەن تەڭ كامالەتكە يەتكۈزۈلىدۇ.\f* \b \b \m \c 12 \s1 خۇدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەيدۇ \m \v 1‏-2 ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى.\f □ \fr 12:1‏-2 \ft \+bd «ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا،... »\+bd* ــ «گۇۋاھچىلار» ئىككى تەرەپتىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن: (1) يۇقىرىقى 11-بابتا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ «گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى»نى ھەم (2) «ئېتىقادنىڭ بەيگىسى»دە يۈگۈرگىنىمىزدە بۇلارنىڭ ئەرشتىن بىزگە گۇۋاھچىلاردەك قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇلۇت» قىزىق گەپ ــ «دان.» 13:7، «مات.» 30:24، 46:26، «1تېس.» 17:4، «ۋەھ.» 7:1نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:1‏-2 \xt رىم. 6‏:4؛ 12‏:12؛ 1كور. 9‏:24؛ ئ‍ەف. 4‏:22؛ كول. 3‏:8؛ ئىبر. 10‏:36؛ 1پېت. 2‏:1، 2؛ لۇقا 24‏:26؛ فىل. 2‏:8-11؛ ئىبر. 1‏:3؛ 8‏:1؛ 1پېت. 1‏:11. \x* \m \v 3 كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار. \m \v 4 گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.\x + \xo 12:4 \xt 1كور. 10‏:13. \x* \v 5 خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان \add مۇقەددەس يازمىلاردىكى\add* مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: ــ \b \m «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، \m ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن،\x + \xo 12:5 \xt ئايۇپ 5‏:17؛ پەند. 3‏:11-12؛ ۋەھ. 3‏:19. \x* \m \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، \m مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ».\f □ \fr 12:6 \ft \+bd «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ»\+bd* ــ «پەند.» 11:3-12.\f*  \x + \xo 12:6 \xt پەند. 3‏:12،11\x* \b \m \v 7 ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ \v 8 ئەمدى \add خۇدانىڭ\add* تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر. \m \v 9 ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟ \m \v 10 ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بەرھەق پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ئازغىنە ۋاقىت بىزنى تەربىيىلىگەن. لېكىن ئۇ بولسا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، پاك-مۇقەددەسلىكىدىن مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. \v 11 ئەمدى قاتتىق تەربىيە بېرىلگەن ۋاقتىدا ئادەمنى خۇش قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ؛ بىراق بۇنىڭ بىلەن تۈزەلگەنلەرگە ئۇ كېيىن ھەققانىيلىقتىن چىققان تىنچ-خاتىرجەملىكنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ. \m \v 12 شۇنىڭ ئۈچۈن، «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار» \f □ \fr 12:12 \ft \+bd «... «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار»»\+bd* ــ ياكى «...«تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى كۈچەيتىڭلار»» («يەش.» 3:35دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن).\f*  \x + \xo 12:12 \xt يەش. 35‏:3. \x* \v 13 ۋە «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «... «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار»\+bd* ــ «ئاقساق»لار بەلكىم ئېتىقادى ئاجىزلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ياشاڭلار \m \v 14 بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ. \x + \xo 12:14 \xt رىم. 12‏:18؛ 2تىم. 2‏:22. \x* \v 15 ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن. \x + \xo 12:15 \xt قان. 29‏:17؛ روس. 17‏:13؛ 2كور. 6‏:1؛ گال. 5‏:12. \x* \v 16 ئاراڭلاردا ھېچبىر بۇزۇقلۇق قىلغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن. \f □ \fr 12:16 \ft \+bd «...ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن»\+bd* ــ «يار.» 29:25-34.\f*  \x + \xo 12:16 \xt يار. 25‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:3؛ كول. 3‏:5؛ 1تېس. 4‏:3. \x* \v 17 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن \add ئاتىسىنىڭ\add* خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ \add بۇ ئىشلارنى ئورنىغا\add* \add كەلتۈرىدىغان\add* توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى.\f □ \fr 12:17 \ft \+bd « ئۇ (ئەساۋ)... بۇ ئىشلارنى ئورنىغا كەلتۈرىدىغان توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ (ئەساۋ) ئۆز گۇناھىدىن توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي...». \fp «توۋا قىلىش» گرېك تىلىدا «ئۇنى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزى تەرجىمانلار بۇ «ئۇنى» دېگەننى «گۇناھىدىن توۋا قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن «يار.» 1:27-40كە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىزدىگىنى ئەسلىدىكى تەلۋىلىكىدىن توۋا قىلىش ئەمەس، بەلكى پەقەت پۇشايمان بىلەن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىلا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە «توۋا قىلىش»نىڭ مەنىسى: ــ (1) ئاتىسىنىڭ قارارىنى، ياكى (2) خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىشنى بىلدۈرىدۇ (ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «توۋا قىلىش»نىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىش» «پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىش» دېگەنلىك).\f*  \x + \xo 12:17 \xt يار. 27‏:36. \x* \b \m \s1 سىناي تېغى ــ ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان تاغ ــ ۋە زىئون تېغى، يەنى ئەرشتىكى يېرۇسالېم \m \v 18 چۈنكى سىلەر قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار ــ \f □ \fr 12:18 \ft \+bd «يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار...»\+bd* ــ «ئاشۇ تاغ» بولسا يەھۇدىي خەلقى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان سىناي تېغىنى كۆرسىتىدۇ («مىس.» 19-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 12:18 \xt مىس. 19‏:16،10؛ 20‏:21؛ قان. 5‏:22. \x* \m \v 19 (ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ \add خۇداغا\add* يالۋۇرۇشتى؛ \f □ \fr 12:19 \ft \+bd «ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرۇشتى»\+bd* ــ «قان.» 23:15نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:19 \xt مىس. 20‏:19؛ قان. 5‏:25؛ 18‏:16. \x* \v 20 چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» \add دەپ تاپىلانغانىدى\add*؛ \f □ \fr 12:20 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ تاپىلانغانىدى...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇلارغا تاپىلانغان: «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئاياغلىرى تەگكەن بولسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دېگەن ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى».\f*  \x + \xo 12:20 \xt مىس. 19‏:13. \x* \v 21 ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى).\f □ \fr 12:21 \ft \+bd «ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى»\+bd* ــ «قان.» 19:9.\f*  \x + \xo 12:21 \xt قان. 9‏:19\x* \m \v 22 ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ــ ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، \x + \xo 12:22 \xt گال. 4‏:26؛ ۋەھ. 3‏:12؛ 21‏:10-27. \x* \v 23 ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا \f □ \fr 12:23 \ft \+bd «ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ... جامائىتىگە...»\+bd* ــ «تۇنجى تۇغۇلغانلار» دېگەن سۆز بۇ يەردە ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىپ، «قايتىدىن تۇغۇلغان» خۇدانىڭ پەرزەنتى دەپ ھېسابلانغانلارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە،...»\+bd* ــ (22-23-ئايەت) باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىغا جەم بولىدىغان تۈمەنلىگەن پەرىشىتىلەرگە، ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ جامائىتىگە،...». ئىسرائىللارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە «رويخەت»تە پۈتۈلۈشى بۇيرۇلغانىدى («چۆل.» 1:1-18). لېكىن جامائەتتىكىلەرنىڭ ئىسىملىرى يەر يۈزىدە ئەمەس، بەلكى ئەرشتە پۈتۈكلۈكتۇر.\f*  \x + \xo 12:23 \xt لۇقا 10‏:20. \x* \v 24 ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ.\f □ \fr 12:24 \ft \+bd «ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھنىڭ سېپىلگەن قېنى ئىنساننىڭ گۇناھلىرىنى تىلەپ ئۇلارنى پاك قىلىدۇ. ھابىلنىڭ قېنى بولسا ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى («يار.» 10:4).\f*  \x + \xo 12:24 \xt يار. 4‏:10؛ ئىبر. 10‏:22؛ 11‏:4؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 25 بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟ \f □ \fr 12:25 \ft \+bd «...يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق سۆزلىگىنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:25 \xt ئىبر. 2‏:3. \x* \v 26 ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى؛ لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. \f □ \fr 12:26 \ft \+bd «ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى...»\+bd* ــ «شۇ چاغدا» ــ خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگىنىدە. \+bd «لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى»\+bd* ــ «ھاگ.» 6:2نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:26 \xt ھاگ. 2‏:5. \x* \v 27 «يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز تەۋرىتىلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ تەۋرىتىلىشى بىلەن يوقىتىلىدىغانلىقىنى، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ مەڭگۈ مۇقىم بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \m \v 28 شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى. \f □ \fr 12:28 \ft \+bd «تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ،...».\f*  \x + \xo 12:28 \xt 1پېت. 2‏:5. \x* \v 29 چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر.\f □ \fr 12:29 \ft \+bd «چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «قان.» 24:4، 3:9دىمۇ تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 12:29 \xt قان. 4‏:24. \x* \b \b \m \c 13 \s1 خۇدانى خۇش قىلىش \m \v 1 ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت توختىمىسۇن.\x + \xo 13:1 \xt رىم. 12‏:10؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ 1پېت. 1‏:22؛ 2‏:17؛ 4‏:8. \x* \v 2 ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.\x + \xo 13:2 \xt يار. 18‏:1؛ 19‏:1؛ رىم. 12‏:13؛ 1پېت. 4‏:9. \x* \v 3 زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە \add زىنداندا\add* زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.\f □ \fr 13:3 \ft \+bd «زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار»\+bd* ــ «زىندانغا تاشلانغانلار» ۋە «خورلانغانلار» ئېتىقادى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار»\+bd* ــ بۇ جېكىلەشنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) ئۆزلىرىڭلار ئاجىزلىققا ۋە جىسمانىي ئازابلارغا دۇچ كەلگەنلىكىڭلار تۈپەيلىدىن مۇشۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار؛ (2) ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولغان جامائەت ئەزاسى سۈپىتىدە، ھېسداشلىق ۋە دەردداشلىق كۆرسىتىڭلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 13:3 \xt مات. 25‏:36. \x* \m \v 4 ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ.\f □ \fr 13:4 \ft \+bd «ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن: «نىكاھ ھەردائىم ھۆرمەتلىك ئىش، ئەر-خوتۇنلۇق ئورۇن داغسىزدۇر» ــ بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، ئاساسىي مەنىسى ئەر-خوتۇنلۇق، شۇنداقلا ئەر-خوتۇنلۇق ئارىسىدىكى مۇھەببەتلىك جىنىسىي مۇناسىۋەت خۇدا ئالدىدا ياخشى ئىشتۇر.\f* \v 5 مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن: \m «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، \m سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن».\f □ \fr 13:5 \ft \+bd «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، *سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن»\+bd* ــ تەۋرات، «قان.» 6:31-8.\f*  \x + \xo 13:5 \xt يار. 28‏:15؛ مىس. 23‏:8؛ قان. 16‏:19؛ 31‏:6، 8؛ يە. 1‏:5؛ 1تار. 28‏:20؛ پەند. 15‏:16؛ فىل. 4‏:11؛ 1تىم. 6‏:6، 8. \x* \b \m \v 6 شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، \m «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، \m كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»\f □ \fr 13:6 \ft \+bd «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»\+bd* ــ «زەب.» 1:27، 6:118.\f*  \x + \xo 13:6 \xt زەب. 54‏:4؛ 56‏:4؛ 118‏:6-7\x* \b \m \v 7 سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ \x + \xo 13:7 \xt ئىبر. 13‏:17. \x* \m \v 8 ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ!\f □ \fr 13:8 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ!»\+bd* ــ مۇئەللىپ، بۇ ھەقىقەتنى دەل شۇ يېتەكچى قېرىنداشلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ جەۋھىرى، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 9 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى \add قۇربانلىققا خاس\add* يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس.\x + \xo 13:9 \xt يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ يـۇھ. 6‏:27؛ رىم. 14‏:17؛ 16‏:17؛ ئ‍ەف. 4‏:14؛ 5‏:6؛ كول. 2‏:16؛ 2تېـس. 2‏:2؛ 2تىم. 4‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \m \v 10 بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر. \f □ \fr 13:10 \ft \+bd «بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر»\+bd* ــ بۇ «قۇربانگاھ» ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن كرېستنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ «قۇربانگاھدىن يېيىش» بولسا ئۇنىڭ قۇربانلىقىدىن چىققان، مەڭگۈلۈك ھاياتتىكى ھەرتۈرلۈك روھىي مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.\f* \v 11 چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى. \f □ \fr 13:11 \ft \+bd «چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى»\+bd* ــ «لاۋ.» 27:16نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:11 \xt مىس. 29‏:14؛ لاۋ. 4‏:21؛ 6‏:30؛ 16‏:27؛ چۆل. 19‏:3. \x* \v 12 شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. \f □ \fr 13:12 \ft \+bd «شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئەيسا مەسىھ ئۆلىدىغان جاي (گولگوتا) يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ سىرتىدا ئىدى. مەسىھنىڭ بۇ «سىرتقا چىقىرىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى» كېيىنكى ئەگەشكەنلەرگە سىمۋول بولغان بولۇپ، خۇدانىڭ خەلقى مەسىھنىڭ ھەمراھلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن «شەھەرنىڭ سىرتىدا»، يەنى ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىغا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھكە ئەگەشكەن يەھۇدىي خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:12 \xt يـۇھ. 19‏:18،17. \x* \v 13 شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. \f □ \fr 13:13 \ft \+bd «شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ...»\+bd* ــ «قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىش» مەسىھكە ئەگەشكەن يەھۇدىي خەلقىگە نىسبەتەن ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقلاردىن، شۇنداقلا ئۇلارغا باغلىق ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كېچىش بەكمۇ ھاقارەتلىك ئىش ئىدى. خۇددى ئەيسا مەسىھ يېرۇسالېم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا مىخلانغاندا ھاقارەتكە قارىمىغانغا ئوخشاش، خەتنى ئوقۇۋاتقان يەھۇدىي كىتابخانلارمۇ كونا ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن ئۇچرايدىغان ھاقارەتكە قارىماي، ئەيسا مەسىھكە يۈزلىنىشى كېرەك ئىدى. \+bd «... ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھگە قارىتىلغان قارشىلىق ھەم ھاقارەتلەر بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلارغا قارىتىلىپ كەلمەكتە. قاراڭغۇلۇق بەرىبىر نۇرغا قارشى تۇرىدۇ، شۇڭا خۇدانىڭ خەلقى ھامان بىر تەرەپتىن بولمىسا باشقا بىر تەرەپتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.\f* \v 14 چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. \x + \xo 13:14 \xt فىل. 3‏:20. \x* \v 15 شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. \f □ \fr 13:15 \ft \+bd «...ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى»\+bd* ــ «ئۇنىڭ نامى» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 13:15 \xt ھوش. 14‏:3. \x* \v 16 ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.\x + \xo 13:16 \xt فىل. 4‏:18. \x* \m \v 17 يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن.\f □ \fr 13:17 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس ... بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن»\+bd* ــ «ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى»: (1) يېتەكچىلەرنىڭ خەۋەر ئېلىش خىزمىتى، ياكى: (2) خۇداغا ھېساب تاپشۇرۇش، ياكى: (3) بۇ ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ئۇ ھېساب تاپشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 13:17 \xt ئ‍ەز. 3‏:18؛ 33‏:8؛ فىل. 2‏:29؛ 1تېس. 5‏:12؛ 1تىم. 5‏:17. \x* \m \v 18 بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق. \v 19 يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.\f □ \fr 13:19 \ft \+bd «يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن»\+bd* ــ «مېنىڭ قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن» دېگەنلىك بەلكىم مۇئەللىپنىڭ تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 دۇئا \m \v 20 ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا \f □ \fr 13:20 \ft \+bd «مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى»\+bd* ــ «مەڭگۈلۈل ئەھدە» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. \fp «خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا» گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.\f*  \x + \xo 13:20 \xt يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ يـۇھ. 10‏:11؛ 1پېت. 5‏:4. \x* \v 21 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! \f □ \fr 13:21 \ft \+bd «(خۇدا) ... ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي!»\+bd* ــ «تاكامۇللاشتۇرۇش»نىڭ باشقا تەرجىمىسى: «ئەتراپلىق تەمىنلەش».\f*  \x + \xo 13:21 \xt 2كور. 3‏:5؛ فىل. 2‏:13. \x* \b \m \s1 ئاخىرقى سۆز \m \v 22 سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلىرىم، بۇ نەسىھەت سۆزۈمگە ئېغىر كۆرمەي قۇلاق سالغايسىلەر؛ سىلەرگە مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەرنى يازدىم، خالاس. \m \v 23 قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، مەن سىلەرنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇ مەن بىلەن بىللە بارىدۇ. \m \v 24 بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەدىن كەلگەنلەر سىلەرگە سالام يوللىدى. \v 25 مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! \m روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ