\id HAG \h ھاگاي \toc1 ھاگاي \toc2 ھاگاي \toc3 ھاگ. \mt1 ھاگاي \c 1 \s1 بىرىنچى ۋەھىي ۋە خەلقنىڭ ئىنكاسى \m \v 1 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ «دارىئۇس پادىشاھ»، يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىللار). بۇ كۈن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، 29-ئاۋغۇست ئىدى. «ئالتىنچى ئاي» ــ مۇقەددەس كىتابتا يىل، ئايلار تىلغا ئېلىنغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ («تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ). \+bd «ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت بولاتتى، يېرۇسالېمدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشىلەر بەلكىم ئاز بولمىسا كېرەك. \+bd «باش كاھىن يەشۇئا»\+bd* ــ «كاھىن» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم.\f* \m \v 2 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى 15 يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى، بىراق خەلق باشقا ئەللەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، قۇرۇش خىزمىتىدىن قول تارتقانىدى («ئەزرا»، 3-5-بابلارنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 3 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 4 بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلار»\+bd* ــ «تاختايدىن بېزەلگەن» دېگەن بۇ سۆز تەۋراتتا پەقەت سۇلايمان قۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بېزىلىشى ۋە «يەھوئاھاز پادىشاھ»نىڭ ئوردىسىنىڭ بېزىلىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، خەلقلەر بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 15 يىل ئىلگىرى تەييارلىغان ياغاچنى ھازىر ئۆز ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىككى گۇناھى بار ئىدى: (1) خۇدانىڭ ئۆيىنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش؛ (2) خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان ياغاچنى ئۆز ئۆيلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش.\f* \m \v 5 مانا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار! \m \v 6 تېرىغىنىڭلار كۆپ، يىغىۋالىدىغىنىڭلار ئاز؛ \m يەيسىلەر، بىراق تويمايسىلەر؛ \m ئىچىسىلەر، بىراق قانمايسىلەر؛ \m كىيىسىلەر، بىراق ھېچقانداق ئىللىمايسىلەر؛ \m ئىش ھەققى ئالغۇچى بولسا، \m خۇددى ئىش ھەققىنى تۆشۈك ھەميانغا سالغانغا ئوخشاشتۇر.\x + \xo 1:6 \xt قان. 28‏:38؛ مىك. 6‏:14، 15. \x* \m \v 7 ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار! \m \v 8 تاغقا چىقىپ، ياغاچنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆينى قۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن، شان-شەرەپكە ئېرىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 9 ــ سىلەر كۆپنى كۈتتۈڭلار، مانا، ئېرىشكىنىڭلار ئاز بولدى؛ ئۇنى ئۆيگە ئېپكەلگىنىڭلاردا، مەن ئۇنى پۈۋلەپ يوقاتتىم؛ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ \m ــ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ خارابە بولغىنىغا قارىماي، ئۆز ئۆيۈڭلارنى \add سېلىشقا\add* يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتىسىلەر. \m \v 10 شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ، زېمىنمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ؛\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ»\+bd* ــ شەبنەم، بولۇپمۇ 8- ۋە 9-ئايدا پىشىدىغان مېۋە ياكى ئاشلىقنى يېگىلەشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.\f*  \x + \xo 1:10 \xt قان. 28‏:23\x* \m \v 11 مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، يېڭى شارابلارغا، زەيتۇن مېيىغا، تۇپراقنىڭ ئۈندۈرمىلىرىگە، ئىنسانلارغا، مال-ۋارانلارغا ۋە قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، ... قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم»\+bd* ــ «قۇرغاقچىلىق» ( ئىبرانىي تىلىدا «خورەب») ھەم «خارابە» دېگەنلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر ــ خۇدانىڭ ئۆيى «خارابە» بولسا، ئۇلارغا «خورەب» (قۇرغاقچىلىق) بولىدۇ.\f* \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىغا، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى؛ خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقتى. \m \v 13 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ خەۋىرىنى خەلققە يەتكۈزۈپ: \m ــ «مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېدى. \v 14 ۋە پەرۋەردىگار شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، شۇنداقلا يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ھەم خەلق قالدىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىنى قوزغىدى؛ ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىدى. \m \v 15 بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى»\+bd* ــ ھاگاي بېشارەت بېرىپ، خەلق خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىش باشلىغۇچە 23 كۈن ئۆتتى. بۇ ۋاقىت ھوسۇل يىغىدىغان پەسىل بولغاچقا، ئىش بەلكىم ھوسۇلنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن باشلانغان.\f* \b \b \m \c 2 \s1 ئىككىنچى ۋەھىي ــ رىغبەتلەندۈرۈش \m \v 1 يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى:\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ بۇ كۈن «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، خەلقنىڭ كۆپ بىر قىسمى يېرۇسالېمدا بولغان بولۇش كېرەك.\f* \v 2 ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ \m \v 3 «ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن. \f □ \fr 2:3 \ft \+bd ««ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟»\+bd* ــ سۇلايمان پادىشاھ سالغان ھەيۋەتلىك مۇقەددەس ئىبادەتخانا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 587-يىلى) بابىل تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. بۇ ۋەقە ھاگاي سۆز قىلغان ۋاقىتتىن 67 يىل ئىلگىرى بولغاچقا، ئەسلى ئىبادەتخانىنىڭ شان-شەرىپى يېڭى ئىبادەتخانىغا قارايدىغان بەزى بوۋايلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغان بولۇشى كېرەك. \fp \+bd «ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆي»\+bd* ۋە «ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟» دېگەن سۆزلەر ئىسپاتلايدۇكى، خۇدا نەزىرىدە مەيلى سۇلايمان قۇرغان ياكى بۇ ۋاقىتتىكى خەلق قۇرغان ئىبادەتخانا بولسۇن، ھەر ئىككىسىنى «بىر» دەپ ھېسابلايدۇ.\f* \v 4 ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \m \v 5 ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار. \m \v 6 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛ \f □ \fr 2:6 \ft \+bd «... ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن»\+bd* ــ مۇشۇنداق سۆزلەر باشقا پەيغەمبەر يازمىلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ (مەسىلەن، «يەشايا» 13-باب، «يەرەمىيا» 4- ھەم 10-باب، «يوئېل» 2-باب، «ناھۇم» 1-بابتا). شۈبھىسىزكى، بۇلار «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»، يەنى ئاخىرقى زاماننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:6 \xt ئىبر. 12‏:26،27\x* \m \v 7 مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. \m \v 8 ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ... پەرۋەردىگار»\+bd* ــ شۇ دەۋردە دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش پارس ئىمېرىيەسىنىڭ قولىدا ئىدى. مەزكۇر بېشارەتتىن ئازراقلا بىر مەزگىلدىن كېيىن، پارس ئىمپېراتورى دارىئۇس تەرىپىدىن: «ئىسرائىلنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلاردىن ئىمپېراتورغا ئېلىنغان باجلارنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، بۇ پۇلنى «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى چىرايلىق ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك...»» دېگەن بىر يارلىق چۈشۈرۈلدى («ئەزرا» 4-6-بابنى، شۇنداقلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ناھايىتى ئاجايىب بولدى. سۆز كۆپ بولغاچقا، شەرھىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قويدۇق.\f*  \x + \xo 2:9 \xt مىس. 23‏:20-22؛ يەر. 31‏:31-34؛ ئ‍ەز. 36‏:26-28؛ مات. 3‏:11-12؛ 11‏:10؛ 24‏:12-16؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 1‏:76؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 2‏:13-17؛ يەش. 40‏:3؛ ئىبر. 8‏:6؛ 12‏:24\x* \b \m \s1 ئۈچىنچى ۋەھىي ــ خۇدانىڭ شەپقىتى ۋە بەرىكىتى \m \v 10 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 11 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ \m \v 12 «بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «\add خۇداغا\add* ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «\add خۇداغا\add* ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن». \m كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «خۇداغا ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى .. ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «خۇداغا ئاتالغان» بولامدۇ؟»\+bd* ــ «خۇداغا ئاتالغان گۆش» (ياكى «مۇقەددەس گۆش») ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى خۇداغا «گۇناھ قۇربانلىقى» («گۇناھنى تىلىدىغان قۇربانلىق»)، «ئىناق قۇربانلىقى» ياكى « قۇربانلىقى»نى قىلغاندا، بۇ قۇربانلىقلاردىن مەلۇم پارچە گۆش قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ياردىمىدە بولغان كاھىنغا ئايرىپ بېرىلگەن. بۇ گۆش «خۇداغا ئاتالغان گۆش» (ياكى «مۇقەددەس گۆش») دەپ ئاتالغان، بۇ گۆشنى پەقەت كاھىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېيىشكە بولىدۇ.\f* \m \v 13 ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. \m كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟»\+bd* ــ «ناپاك بولغان» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى جەسەتكە ياكى جەسەت قويۇلغان جايغا تەگسە، ياكى بەزى خىل كېسەل كىشىلەرگە تەگسە، «ناپاك» دەپ ھېسابلانغان. ئۇ بىر مەزگىل (بەزىدە بىر كۈن، بەزىدە بىر ھەپتە) ئايرىم تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئايرىم تۇرغاندىن كېيىن غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈنلەي يۇيۇنۇپ) ئاندىن «پاك» دەپ ھېسابلانغان.\f* \m \v 14 ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «پەرۋەردىگار: «ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر (ناپاك، دېمەك)، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ «شۇ يەردە» دېگەن سۆز بەلكىم «ناپاك قوللىرىدا» دېگەننى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \fp \+bd «پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ بۇ تولۇق سۆز ئىسرائىلغا ناھايىتى ئېغىر ئىدى. ئىسرائىل ئۆزى كاپىر بىر «يات ئەل» بولغان ئوخشايدۇ. ئۇلاردىكى خارەبە بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ «پەرۋايىم پەلەك» دېگەندەك بىخۇدلۇق گۇناھلىرىغا گۇۋاھ بېرىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، گۇناھلار پەقەت «قان تۆكۈلۈپ قىلىنغان قۇربانلىق»لار ئارقىلىق «يېپىلغان» بولىدۇ. بىراق مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزى خارابە بولۇپ، ئۇلار سۇنغان قۇربانلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ «ناپاك قوللىرى» تۈپەيلىدىن «ناپاك بولدى» دېسەك، ئەمدى ئۇلار قانداقمۇ پاك بولالايدۇ؟ «كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم!» («ئايۇپ» 4:14). پەقەت رەھىم-شەپقەتلىك بىر خۇدا ئۆزى ناپاك خەلقى ئۈچۈن بىر ئىش قىلسا، ئاندىن قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ. ئەمدى خۇدا (15-ئايەت) ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇلارغا ئۈمىد بېرىدۇ. ئۇنىڭ قانداق يول بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقى ئېيتىلمىدى. بۇ مەسىلىلەرگە بولغان جاۋاب (يەنى خۇدانىڭ ئاخىرىدا ئادەملەرنى گۇناھدىن پاكلاش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغانلىقى) پەقەت ئىنجىلدىن تېپىلىدۇ.\f* \m \v 15 ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ \m بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە، \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە...»\+bd* ــ ھاگاي پەيغەمبەر سۆز قىلغاندىن كېيىن، خەلق قايتا قۇرۇلۇشنىڭ خىزمىتىنى يېڭىۋاشتىن باشلىغان كۈنگىچە، يەنى «ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى» (27-سېنتەبر)گىچە دېگەنلىكتۇر.\f* \v 16 شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە...»\+bd* ــ «ئىلگىرىكى» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز بەزىدە «ئىلگىرىكى»، بەزىدە «كېيىنكى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. قوشۇمچە سۆزلىرىمىزدە «ئىلگىرىكى» دېگەن تەرجىمىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىمىز.\f* \v 17 مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار. \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار»\+bd* ــ ھاگاي پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە تەۋرات «ئام.» 9:4نى نەقىل كەلتۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt ھاگ. 1‏:11\x* \m \v 18 ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛ \v 19 دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن».\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «...دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى... ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن»\+bd* ــ بۇ 16-19-ئايەتلەرنى قوشۇمچە سۆزلىرىمىزدە تەھلىل قىلىمىز.\f* \b \m \s1 ‘تۆتىنچى ۋەھىي ــ ‘ئاخىرقى زامان •••• زەرۇببابەل توغرۇلۇق \m \v 20 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 21 ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ \m ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛\f □ \fr 2:21 \ft \+bd «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر (ۋە 22-ئايەت) 6-7-ئايەتتلەردىكىگە ئوخشاش، بەلكىم ئاخىرقى زاماندىكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 22 پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ.\x + \xo 2:22 \xt دان. 2‏:44-45؛ يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام.8 ‏:9؛ مات. 24:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13.\x* \m \v 23 شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ \m مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن،... ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم»\+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تىلغا ئالىمىز.\f*