\id HAB \h ھاباككۇك \toc1 ھاباككۇك \toc2 ھاباككۇك \toc3 ھاب. \mt1 ھاباككۇك \c 1 \m \v 1 ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ \b \m \s1 ھاباككۇكنىڭ داد-پەريادلىرى \m \v 2 ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟ \m مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، \m بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن. \m \v 3 سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن، \m نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟ \m چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛ \m جەڭگى-جېدەللەر بار، \m دەۋالار كۆپەيمەكتە. \m \v 4 شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى، \m ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛ \m چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛ \m شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ. \b \m \s1 خۇدانىڭ جاۋابى \m \v 5 ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار! \m چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، \m بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار. \x + \xo 1:5 \xt روس. 13‏:41\x* \m \v 6 چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛ \m ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، \m ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن،... ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ»\+bd* ــ كالدىيلەر پەقەت 20 يىل ئىچىدىلا نەزەرسىز بىر ئەلدىن، بابىل شەھىرىنى (كېيىن كالدىيلەر «بابىللىقلار» دەپ ئاتالغان)، نىنەۋە شەھىرىنى ۋە مىسىرنى ئىشغال قىلغان قورقۇنچلۇق بىر ئىمپېرىيەگە ئايلاندى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 615-595-يىللار). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛ \f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى تېكىستتىن مۇشۇ ئايەتنى چۈشىنىش سەل تەس. ئەسلى جۈملىنى سۆزمۇسۆز ئالساق «ئۇلاردىن چىققان ھۆكۈم ۋە ھەيۋە ئۆزلىكىدىندۇر» ــ  يەنى خۇدادىن ئەمەس دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقماي، نېمىنى خالىسام شۇنداق قىلىمەن، دەيدىغانلار.\f* \m \v 8 ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك، \m كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛ \m ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛ \m ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ، \m ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ. \m \v 9 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛ \m ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ، \m ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ،... »\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى «شەرق شامىلى»دەك ئالغا باسىدۇ،...». بۇ جۈملىنىڭ يەنە بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار.\f* \m \v 10 بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ، \m ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ \m ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، \m چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ.\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئۇلار سېپىلنىڭ يېنىغا چوڭ بىر دۆڭ ياساپ سېپىلدىن ئارتىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ. بابىللىقلارنىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپ بولغاچقا، مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇلنى كۆپ قوللانغان.\f* \m \v 11 شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، \m ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛ \m ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداق قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ روھى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ ئۇ شۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ، گۇناھكار بولىدۇ».\f* \b \m \s1 پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بولغان جاۋابى \m \v 12 سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟ \m بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛ \m سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛ \m سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى \add بىزگە\add* ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن.\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن»\+bd* ــ ياكى «ئۇنى جازايىڭغا ئۇچراشقا بېكىتكەنسەن».\f* \m \v 13 سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى، \m رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛ \m ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن، \m رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟ \m \v 14 سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، \m خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن»\+bd* ــ ئەسلىدە خۇدا ئىنساننى ياراتقاندا، ئىنسان توغرۇلۇق «ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلار... ئۆمۈلىگۈچى ھايۋانلارنى... باشقۇرسۇن» دېگەنىدى. ھازىر خۇدا زالىملارنىڭ ئىنسانلارنى بېلىقلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈشىگە يول قويۇۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟\f* \m \v 15 شۇ \add كالدىي كىشى\add* ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، \m ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، \m ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «شۇ كالدىي كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ»\+bd* ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەسىرلەرنى كالپۇكلىرىدىن ئىلمەك (ياكى چاڭگاك) ئۆتكۈزۈپ، يېتىلەپ ماڭىدىغان رەھىمسىز ئادىتى بار ئىدى؛ كېيىنكى ئىمپېرىيە (بابىل)نىڭ پادىشاھلىرى بەلكىم ئوخشاش ئادەتتە بولغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 16 ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، \m يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ، \m چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول، \m نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى. \m \v 17 ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە، \m شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟ \b \b \m \c 2 \s1 ھاباككۇكنىڭ قارارى \m \v 1 «ئەمدى مەن ئۆز كۆزىتىمدە تۇرىۋېرىمەن، \m ئۆزۈمنى مۇنار ئۈستىدە دەس تىكلەيمەن، \m ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، \m شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن».\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «... قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قانداق تېگىشلىك جاۋاب كۆرۈشنى...». \+bd «ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى ئېيتىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان تەنبىھكە نېمە جاۋاب بېرىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتىمەن». ھېچ بولمىغاندا، ئۇ خۇدانىڭ تەنبىھىنى كۈتىدۇ. \fp ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆڭلىدە: «مېنىڭ ئەسلىدىكى داد-پەريادىمدا بەلكىم خاتالىق يېرى بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ، بار بولسا ئۇ خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. شۇڭا بىزنىڭچە «جاۋاب» بولسا (1) داد-پەريادىدىكى (بار بولسا) خاتالىقىغا بولغان جاۋابكارلىقىنى، (2) كېيىن ئۇنىڭ ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە ياكى ئۆزىگە ئەگەشكەن ئادەملەرگە بېرىشكە تېگىشلىك جاۋابنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتىدۇ. \fp ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بولغان «جاۋابى» 3-بابتا تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:1 \xt يەش. 21‏:8\x* \b \m \v 2 ھەم پەرۋەردىگار جاۋابەن ماڭا مۇنداق دېدى: ــ \m «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، \m بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال؛ \m ئۇنى تاختايلار ئۈستىگە ئېنىق ئويۇپ چىق؛\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال...»\+bd* ــ ئىككى مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) ئوقۇغان كىشى كېيىن بۇ خەۋەرنى باشقىلارغا يۈگۈرۈپ يەتكۈزسۇن؛ (2) ئوقۇغان كىشى ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىق ئاستىدىمۇ مېنىڭ يولۇمدا يۈگۈرسۇن (مەسىلەن، «زەب.» 32:119، «يەش.» 30:40-31، «گال.» 7:5نى كۆرۈڭ). بىز ئىككىنچى مەنىگە مايىلمىز.\f*  \x + \xo 2:2 \xt يەش. 30‏:8\x* \m \v 3 چۈنكى بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن، \m ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ، \m ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ؛ \m ئۇزۇنغىچە كەلمەي قالسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛ \m چۈنكى ئۇ جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ، ھېچ كېچىكمەيدۇ.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن...»\+bd* ــ «بېكىتىلگەن» ــ دېمەك، ھېچكىم (ھەتتا دۇئا ئارقىلىقمۇ) ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. \+bd «ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «ئۇ ئاخىرەتكە قاراپ ھاسىراپ نەپەس ئالىدۇ» (پىكرىمىزچە بۇ ئىبارە چوڭقۇر تەشنالىقنى بىلدۈرىدۇ).\f* \m \v 4 قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! \m ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ \m بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس»\+bd* ــ ھەرقانداق تەكەببۇر ئادەم دۇرۇس، تۈز بولالمايدۇ. \+bd «بىراق ھەققانىي ئادەم ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆز خۇدانىڭ جاۋابىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق جۈملىسى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:4 \xt رىم. 1‏:17؛ گال. 3‏:11؛ ئىبر. 10‏:38\x* \m \v 5 بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ \m ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، \m ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ \m ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ \m ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، \m ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ»\+bd* ــ بابىللىقلار ئاخىر بېرىپ مەيخورلۇقتىن پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن نابۇت بولدى. تەۋرات، «دانىيال پەيغەمبەر» 5-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «...ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ»\+bd* ــ «تەھتىسارا» ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي. بابىللىقلار ھەر يىلى تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى تۈزەيتتى. ئاخىر بېرىپ بۇ تاجاۋۇزچىلىقى ئۆزىنىڭ مۇداپىئىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارس ئىمپېرىيەسى ئۇلارنى نابۇت قىلدى. \+bd «ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ»\+bd* ــ «ئۆلۈم» ھەردائىم ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ھەرگىز «بولدى» دېمەيدۇ.\f* \m \v 6 بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۇ توغرۇلۇق تەمسىلنى سۆزلەپ، \m كىنايىلىك بىر تېپىشماقنى تىلغا ئالىدۇ: ــ \m «ئۆزىنىڭ ئەمەسنى مېنىڭ دەپ قوشۇۋالغۇچىغا ۋاي! \m (\add بۇنداق ئىشلار\add* قاچانغىچە بولىدۇ؟!) \m گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!»\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!»\+bd* ــ «گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق بولۇپ، باشقا بىر مەنىسى «بىر دۆۋە توپا» ــ دېمەك، ئۇلار مۇشۇ ھارام نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانىدى. \fp بابىل ئىمپېرىيەسى ئاياغ ئاستى قىلغان ئەللەر ھاباككۇكنىڭ بابىل توغرىسىدىكى بېشارەتلىرىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئايەتتىكى كىنايىلىك سۆزلەرنى دېگەن بولۇشى مۇمكىن. سۆزلەر «مەرسىيە» (ماتەم تۇتۇش مۇناجىتى) شەكلىدە ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 7 سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟ \m سېنى تىترەتكۈچىلەر بىراقلا ئويغانمامدۇ؟ \m ئاندىن سەن ئۇلارغا ئولجا بولمامسەن؟\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟»\+bd* ــ «سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، يەنە بىر مەنىسى: «(يىلاندەك) سېنى چاققۇچىلار».\f* \m \v 8 سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، \m ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، \m ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «... كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن،...»\+bd* ــ «... زېمىن، شەھەر... » ــ بۇ ئىسىملەر بىرلىك شەكىلدە (كۆپلۈك شەكىلدە ئەمەس) ئىپادىلەنگىنى ھەم ئۇ زېمىن، شەھەرنىڭ نامى ئېيتىلمىغانلىقىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىبارە ئىسرائىل زېمىنى (پەلەستىن) ھەم يېرۇسالېمنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 9 ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، \m ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ، \m نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي! \m \v 10 نۇرغۇن خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ، \m ئۆز جەمەتىڭگە ئاھانەت كەلتۈردۈڭ، \m ئۆز جېنىڭغا قارشى گۇناھ سادىر قىلدىڭ. \m \v 11 چۈنكى تامدىن تاش نىدا قىلىدۇ، \m ياغاچلاردىن لىم جاۋاب بېرىدۇ: ــ \m \v 12 يۇرتنى قان بىلەن، \m شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!» \m \v 13 مانا، خەلقلەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتىنىڭ پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ قىلىنغانلىقى، \m ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ھالسىراتقانلىقى، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئەمەسمۇ؟ \m \v 14 چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، \m پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ باياننىڭ ئۆزى ھاباككۇكنىڭ داد-پەريادىغا بولغان چوڭ بىر جاۋابتۇر. جاھاندىكى ئادالەتسىزلىكلەر شۇنچە كۆپ بولغىنىنى بىلەن، ھېچ بولمىغاندا ئاخىر بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يوقىتىلىدۇ. \fp باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە، بابىل شەھىرى توغرۇلۇق ئىشىنىمىزكى، ئۇ ئاخىرى زاماندا قايتا قۇرۇلىدۇ. ئەمدى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە، بۇ ئايەتتە دېيىلگەندەك «پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ» ۋە شۇڭلاشقا بابىل قايتا كۆرۈنمەسكە يوقىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:14 \xt چۆل. 14‏:21\x* \m \v 15 ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ \m ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، \m تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي!\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي!»\+bd* ــ ھاراقكەشلەر ھەردائىم باشقىلارنى ھاراقكەشلەرگە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ. بىراق بابىلنىڭ «باشقىلارغا ھاراق ئىچكۈزۈش» مەقسىتى ئۇلارغا ئېزىتقۇلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش بەچچىۋازلىق گۇناھىغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئۇلارنى ئاسانلا كونترول قىلىشتىن ئىبارەت.\f* \m \v 16 شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛ \m ئۆزۈڭمۇ ئىچ، \m خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن! \m پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، \m شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «ئۆزۈڭمۇ ئىچ، *خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن!»\+bd* ــ «خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن!» دېگەن ئىبارە ئادەمنىڭ قاتتىق خىجالىتىنى كۆرسەتكىنىدىن باشقا، «سەن خۇدانىڭ ئەھدىسىگە ۋە سۆزىگە يات ئادەمسەن» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىپ بېرىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭمۇ (ھاراق) ئىچ، پۇلاڭلاپ يىقىل!».\f* \m \v 17 لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، \m شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ، \m كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن، \m بۇلار سېنىڭ مىجىقىڭنى چىقىرىدۇ.\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ،...»\+bd* ــ «لىۋان» رايونى گۈزەل ئورمانلىرى ھەم كۆپلىگەن ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلىرى بىلەن داڭقى چىققان. بابىل ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 605-يىلىدىكى (سۇرىيەدە يۈز بەرگەن) «كارشېمىش جېڭى»دىن كېيىن، (1) لىۋاندىكىلەرگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ ئېغىر زۇلۇم يەتكۈزگەن. (2) ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار قىلماقچى بولغان جەڭلەرنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن ھەمدە ئۆز شەھەرلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن لىۋاندىن كۆپ دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ ئېپكەتتى. (3) ئۇلار يەنە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا كۆپ ياۋايى ھايۋانلارنى رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن ئوۋلىدى. مەزكۇر ئايەتتىكى بۇ سۆز بۇ ئۈچ ئىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. 2- ۋە 3-ئىشتىن روشەنكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتنى ئوبدان ئاسراشقا خۇدا ئالدىدا جاۋابكارلىقى بار. \+bd «كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن،...»\+bd* ــ «...زېمىن، شەھەر،... تۇرۇۋاتقانلار» ــ 8-ئايەتتىكى ئىبارىگە ئوخشاش، ئىسرائىل زېمىنى (قانائان)نى ھەم يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 18 ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى، \m ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟ \m قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى ــ \m ــ چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ، \m دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟ \m \v 19 ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، \m زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! \m ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟ \m مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى، \m ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر.\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ روھ يوقتۇر». \+bd «ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ... ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر»\+bd* ــ بۇ ئىككى ئايەت (18-، 19-) بابىللىقلارنىڭ رەزىللىكىنىڭ بۇتپەرەسلىك بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 7:1دە كۆرسىتىلگەندەك، ئۆز «خۇدالىرى»نى ئۆزى ياسىغاندىن كېيىن، ئۇلار تىرىك خۇدادىن ھېچ قورقماي، ئۆزىگە قولايلىق «ئەخلاق-پەزىلەت» مىزانلىرىنى خالىغانچە بېكىتىدۇ.\f* \m \v 20 بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر! \m پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن!.\f □ \fr 2:20 \ft \+bd «بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر!»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر بەلكىم خۇدانىڭ ئاسماندىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ («زەب.» 5:7، 4:11نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 3 \s1 ھاباككۇكنىڭ دۇئاسى \m \v 1 ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى، \m «شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ \f □ \fr 3:1 \ft \+bd ««شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ»\+bd* ــ «شىگگائون» بەلكىم «دولقۇنلۇق»، «ئوتلۇق»، «ئاشىقلىق بىلەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ سۆز كۈينىڭ ئېيتىلىدىغان ئاھاڭىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 2 «پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم. \m ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن، \m يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛ \m دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم،...»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار، مەن سەندىن خەۋەرنى ئاڭلىدىم،...». \+bd «... يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن، دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!»\+bd* ــ «يىللار ئارىسىدا» توغرۇلۇق: ــ ھاباككۇك خۇدا ئاخىرقى زاماندا ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىپ ئىسرائىلنى گۇناھتىن قۇتقۇزىدۇ، دەپ بىلدى. بىراق ھازىر «ئاخىرقى زامان» ئەمەس؛ ئەمدى ھازىر، «يىللار ئارىسىدا»مۇ خۇدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتكەي!\f* \m \v 3 تەڭرى تېماندىن، \m پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى؛ \m سېلاھ! \m ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلارنى قاپلىدى، \m يەر يۈزى ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى بىلەن تولدى؛\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «تەڭرى تېماندىن، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى»\+bd* ــ «تېمان» ۋە «پاران» قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، ھازىرقى «ئىئوردانىيە» زېمىنىغا جايلاشقان ئىككى رايون. بۇ يەردە (يەنى سىناي تېغىدا) مۇسا پەيغەمبەر «مۇقەددەس قانۇن»نى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئىسرائىللار خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن پەلەستىنگە قاراپ يول ئالدى. بۇ سۆزلەرگە ھەم باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىغا قارىغاندا، قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەيسا يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىمۇ ئاۋۋال شۇ يەرگە چۈشۈپ، ئاندىن ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانائانغا (پەلەستىنگە) قاراپ كېلىدۇ. \+bd «سېلاھ!»\+bd* ــ «سېلاھ» دېگەن سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى، \m قولىدىن چاقماق چاققاندەك ئىككى نۇر چىقتى؛ \m شۇ يەردە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. \f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ پارقىراقلىقى چاقماقتەك بولدى».\f* \m \v 5 ئۇنىڭ ئالدىدىن ۋابا، \m پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى؛\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «ئۇنىڭ ... پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى»\+bd* ــ ياكى، «ئۇنىڭ ... پۇتلىرىدىن پىژغىرىن قىزىتما چىقماقتا ئىدى».\f* \m \v 6 ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى؛ \m ئۇ قارىۋىدى، ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالدى؛ \m «مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، \m «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، \m ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ يەر يۈزىنى سىلكىپ قويدى». \+bd ««ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى»\+bd* ــ ياكى ««ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» غۇلىتىلدى». \+bd ««مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر»\+bd* ــ تاغلار ھەم دۆڭلەر «ئەبەدىي» تۇرغاندەك بولسىمۇ، پەقەت تىرىك خۇدا ئۆزى «ئەبەدىيدۇر». باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: (1) «ئۇنىڭ چىقىشلىرى ئەبەدتىن بۇيان بولغان» (2) «ئۇ قەدىمكى (ئەبەدىي) يوللاردا ماڭىدۇ».\f* \m \v 7 مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكتە بولغانلىقىنى، \m مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەرنى تىترەك باسقانلىقىنى كۆردۇم.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرى..، مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەر...»\+bd* ــ «كۇشان» ۋە «مىدىيان» دېگەن ئىككى ئەل 3-ئايەتتىكى «تېمان» ۋە «پاران» دېگەن رايونلاردا ئىدى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ قانائاننى (پەلەستىننى) ئىشغال قىلىشىغا بىرىنچى قارشى چىققان ئەللەردىن ئىدى («باتۇر ھاكىملار» 3- ھەم 7-بابلارنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 8 پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ \m سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ \m قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ \m ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن!\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن!»\+bd* ــ بابىل ۋە مېسوپوتامىيىدىكى بۇتپەرەسلىك ئەپسانىلىرى بويىچە، دېڭىز ۋە دەريالار ئۇلارنىڭ كۈچلۈك بۇتلىرى ياكى جىن-شەيتانلىرى تۇرىدىغان «قورغان»لىرى ئىدى. بۇ ئايەت بويىچە خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەممە بۇت ۋە جىن-شەيتانلاردىن زور ئۈستۈن كۆرسىتىلىدۇ.\f* \m \v 9 سېنىڭ ئوقيايىڭ ئايان قىلىندى، \m سۆزۈڭ بويىچە، \add ئىسرائىل\add* قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى! \m سېلاھ! \m سەن يەر يۈزىنى دەريا-كەلكۈنلەر بىلەن ئايرىۋەتتىڭ.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «سېنىڭ ئوقيايىڭ... سۆزۈڭ بويىچە، ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى!»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: ــ «سېنىڭ ئوقيايىڭ... سېنىڭ سۆزۈڭگە تايانغان قەبىلىلەرگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ بويىچە ئايان قىلىندى!»، ياكى: «سەن ئوقيايىڭنى ئايان قىلدىڭ، نۇرغۇن ئوقلارنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىنى بۇيرۇدۇڭ».\f* \m \v 10 تاغلار سېنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى؛ \m دولقۇنلاپ ئاققان سۇلار كەلكۈندەك ئۆتۈپ كەتتى؛ \m چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، \m قوللىرىنى يۇقىرىغا ئۆرلەتتى. \m \v 11 ئېتىلغان ئوقلىرىڭنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرۈپ، \m پالىلدىغان نەيزەڭنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرۈپ، \m قۇياش ھەم ئاي ئۆز تۇرالغۇسىدا جىم تۇردى. \m \v 12 سەن ئاچچىقىڭدا يەر يۈزىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىڭ؛ \m ئەللەرنى غەزىپىڭدە زىرائەتنى سوققاندەك سوقتۇڭ؛ \m \v 13 ئۆز خەلقىڭنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، \m سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ؛ \m ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، \m رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ-يانجىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتتىڭ؛ \m سېلاھ!\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ»\+bd* ــ «مەسىھىڭ» ياكى «مەسىھ قىلغىنىڭ» ــ خۇدانىڭ يوليورۇقى بويىچە، ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا زەيتىن مېيى سۈرۈلۈش كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دەپ ۋە شۇ چاغدىن باشلاپ مۇشۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. خۇدا داۋۇت پادىشاھنىڭ بىر ئەۋلادىنى «مەسىھ قىلىمەن»، بۇ «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ» ئىسرائىلنى ھەم بارلىق دۇنيانى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ، دەپ ۋەدە قىلغان. بىزنىڭچە مۇشۇ ئايەتتە بۇ «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ» كۆرسىتىلىدۇ. \+bd «سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۆز مەسىھىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ». \+bd «... ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇنى (شۇ جەمەتنى) ئۇلىدىن ئۆگزىسىگىچە ئېچىپ تاشلاپ،...». \fp بەزى ئالىملار «رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشى» دېگەن سۆز ئاخىرى زاماندىكى خۇداغا قارشى چىققان، شەيتاننىڭ ۋەكىلى بولغان «دەججال»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز قوشۇلىمىز.\f* \m \v 14 سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ؛ \m ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى، \m ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوشۇرۇن جايدا يالماپ يۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر!\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ»\+bd* ــ «ئۇنىڭ» ــ «رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنىڭ...» (13-ئايەت)؛ بەلكىم دەججالنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى»\+bd* ــ «مېنى» ــ ئىسرائىل سۆزلەيدۇ. مۇشۇ ئايەتتىكى سۆزلەر ئاخىرقى زاماندىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى بولسا كېرەك.\f* \m \v 15 سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، \m يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ!\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ!»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ يېتەكلىگەندە، ئۇلار قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن. دېڭىزدىكى سۇلار ئۇلارغا يول ئېچىپ ئىككى تەرىپىدە «دۆۋە-دۆۋە» تۇرغانىدى. كەلگۈسى زاماندىكى ۋەقە بەلكىم بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ.\f* \b \m \v 16 مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛ \m ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى، \m ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى، \m پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛ \m چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە، \m يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ، \m سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك.\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى»\+bd* ــ ھاباككۇك «خۇدانىڭ ئاۋازى» دەپ ئوچۇق ئېيتمايدۇ ــ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاڭلىغۇدەك پەقەت بىرلا ئاۋاز بار، خالاس.\f* \m \v 17 چۈنكى ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ، \m ئۈزۈم تاللىرىدا مېۋە بولمىسىمۇ، \m زەيتۇن دەرىخىگە قىلغان ئەجىر يوققا چىققان بولسىمۇ، \m ئېتىزلار ھېچ ھوسۇل بەرمىگەن بولسىمۇ، \m قوتاندىن قوي پادىسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، \m ئېغىلدا كالا پادىسى يوق بولسىمۇ، \m \v 18 مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن، \m ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن،\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىم...»\+bd* ــ ياكى «نىجاتىم بولغۇچى خۇدايىم...».\f* \m \v 19 پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛ \m ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ \m مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ! \b \m (بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن).