\id GEN \h يارىتىلىش \toc1 يارىتىلىش \toc2 يارىتىلىش \toc3 يار. \mt1 يارىتىلىش \c 1 \s1 خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى \m \v 1 مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «خۇدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم» دېيىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. \+bd «ئاسمانلار»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئۈچ قاتلام ئاسمان بار؛ بىرىنچى قات ئاسمان «ئاتموسفېرا»، ئىككىنچى قات ئاسمان «ئالەم بوشلۇقى»، ئۈچىنچى قات ئاسمان خۇدانىڭ ئەرشىدۇر. شۇڭا «ئاسمان» كۆپ يەرلەردە «ئاسمانلار» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:1 \xt ئايۇپ 38‏:4؛ زەب. 33‏:6؛ 89‏:11؛ 136‏:5-6؛ روس. 14‏:15؛ ئىبر. 11‏:3\x* \v 2 ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «بولدى»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئىدى» ياكى «تۇراتتى» دەپ ئېلىنغان. ئالىملارنىڭ بۇ ئايەت ئۈستىدىكى ئۈچ خىل قارىشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «چوڭقۇر سۇلار»\+bd* ــ دېڭىز-ئوكيانلارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «قاپلىدى»\+bd* ــ ياكى «قاپلىغانىدى». \+bd «لەرزان پەرۋاز قىلاتتى»\+bd* ــ مۇشۇ ھالەتنى ئىبرانىي تىلىدا «(تۇخۇم بېسىۋاتقان) كۈرۈك توخۇدەك ھالەتتە تۇرىدۇ» دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ.\f* \m \v 3 خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. \v 4 خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى. \v 5 خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «كەچ بىلەن سەھەر»\+bd* ــ «تۇنجى كۈنى»دە «كەچ بىلەن سەھەر» بولغانىكەن، ئۇنداقتا «تۇنجى كۈن» ئادەتتىكى بىر كۈننى، يەنى 24 سائەتلىك بىر كۈننى كۆرسەتگەن بولۇشى مۇمكىن. \fp ئادەتتە مۇقەددەس كىتابتىكى بارلىق خاتىرىلەردە، شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ئىبرانىيلاردا «كۈن»نىڭ بېشى كەچ ياكى ئاخشام بىلەن باشلىنىدۇ دېگەن قاراش بار.\f* \m \v 6 ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار \add يۇقىرى-تۆۋەن\add* ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «بىر بوشلۇق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يېيىلغان بىر نەرسە».\f*  \x + \xo 1:6 \xt زەب. 33‏:6؛ 104‏:3؛ 136‏:5-6؛ پەند. 8‏:28؛ يەش. 42‏:5؛ يەر. 10‏:12؛ 51‏:15\x* \v 7 شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «سۇلارنىڭ ئايرىلىشى»\+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 1:7 \xt زەب. 33‏:7؛ 136‏:6؛ پەند. 8‏:24؛ زەب. 148‏:4\x* \v 8 خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى. \m \v 9 ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.\x + \xo 1:9 \xt ئايۇپ 26‏:10؛ 38‏:8؛ زەب. 24‏:2؛ 136‏:6\x* \v 10 خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. \m \v 11 ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ \v 12 يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. \v 13 شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. \m \v 14 خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛ \x + \xo 1:14 \xt زەب. 136‏:7\x* \v 15 ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.\x + \xo 1:15 \xt قان. 4‏:19؛ يەر. 31‏:35\x* \v 16 خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. \v 17‏-18 خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىپ، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىسۇن دەپ ئاسمانلارنىڭ گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. \v 19 شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى. \m \v 20 خۇدا يەنە: «سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلار بولسۇن، ئۇچار-قاناتلار يەرنىڭ ئۈستىدە، ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسۇن» دېدى. \m \v 21 شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «چوڭ-چوڭ مەخلۇقلار»\+bd* ــ بۇ سۆز گاھى ۋاقىتلاردا «ئەجدىھا»نى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 22 خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، دېڭىز سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار-قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە ئاۋۇسۇن» دېدى.\x + \xo 1:22 \xt يار. 8‏:17.\x* \v 23 شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى. \m \v 24 خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. \v 25 شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. \v 26 ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى.\f □ \fr 1:26 \ft \+bd «خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدا بولۇش»\+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق ۋە «خۇداغا ئوخشايدىغان قىلىنىش»، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ ئايەتتە «بىز، بىزنىڭ» دېگىنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 27 شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ \m ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ \m ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى.\x + \xo 1:27 \xt يار. 5‏:1؛ 9‏:6؛ 1كور. 11‏:7؛ ئ‍ەف. 4‏:24؛ كول. 3‏:10. \x* \m \v 28 خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى.\x + \xo 1:28 \xt يار. 8‏:17؛ 9‏:1، 2، 7. \x* \v 29 ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛\x + \xo 1:29 \xt يار. 9‏:3؛ زەب. 104‏:14، 15\x* \v 30 شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.\x + \xo 1:30 \xt زەب. 104‏:13-14\x* \v 31 خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.\x + \xo 1:31 \xt قان. 32‏:4؛ مار. 7‏:37. \x* \b \b \m \c 2 \m \v 1 شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «پۈتكۈل مەۋجۇداتلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق قوشۇنلىرى». بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، بارلىق جانىۋارلارنىلا ئەمەس، ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ۋە كېرۇب-پەرىشتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 2 خۇدا يەتتىنچى كۈنىگىچە قىلىدىغان ئىشىنى تاماملىدى. ئۇ يەتتىنچى كۈنى بارلىق يارىتىش ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالدى.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «ئارام ئالدى»\+bd* ــ خۇدانىڭ «ئارام ئېلىش»ى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 2:2 \xt مىس. 20‏:11؛ 31‏:17؛ قان. 5‏:14؛ ئىبر. 4‏:4. \x* \v 3 يەتتىنچى كۈنى خۇدا بارلىق يارىتىش ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «مۇقەددەس كۈن»\+bd* ــ «مۇقەددەس كىتاب»تا، «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا مەخسۇس ئاتالغان»، «خۇدانىڭ ئىشلىتىشىگە مەخسۇس ئايرىلغان»، «خۇداغىلا مەنسۇپ» دېگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.\f* \b \m \s1 «ئاسمان-زېمىننىڭ تارىخلىرى» {4:2-26:4} •••• ئېرەم باغ ــ ئادەمئاتىنى يارىتىش جەريانى \m \v 4 پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ \f □ \fr 2:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگار»\+bd* ــ مۇشۇ كىتابتا ئېلىنغان «پەرۋەردىگار» بولسا، ئىبرانىي تىلىدىكى «ياھۋەھ» دېگەننىڭ تەرجىمىسىدۇر. «ياھۋەھ» خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، «مەڭگۈلۈك بولغۇچى»، «ئۆزۈم باردۇرمەن»، «ئەھدىسىدە مەڭگۈ تۇرغۇچى خۇدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرۇلۇق يەنە مۇناسىۋەتلىك تەبىرلەرنى كۆرۈڭ. \+bd «ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاسمان-زېمىنلارنىڭ دەۋر-تارىخلىرى مۇنداق بولدى» ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» دېگەن كىتابتا ئون بىر «تولىدوت» («تارىخ») بولۇپ، ھەربىرى «بۇلار پالانچى-پوكۇنچى دەۋرىنىڭ تولىدوتى (تارىخى)...» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يەردە بايان قىلىنىۋاتقىنى تارىخنىڭ بىرىنچىسىدۇر (4:2-26:4). \fp «پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنى» دېگەن مۇشۇ يەردە بەلكىم 24 سائەتلىك بىر كۈن ئەمەس، بەلكى 4:2-26:4دە بايان قىلىنغان پۈتكۈل مەزگىلنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 5 زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى»\+bd* ــ بۇ جۈملىدە بەلكىم ئېرەم بېغىدا ئالاھىدە بولغان ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 6 لېكىن يەردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ، تامام يەر يۈزىنى سۇغاردى.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «بۇلاق سۈيى»\+bd* ــ ياكى «بىرخىل تۇمان».\f* \v 7 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئادەم» ۋە «توپا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «توپا» ۋە «ئادەم» دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى يېقىن؛ ئۇ يەنە «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك (ئوتتۇرا شەرقتە توپا قىزىلغا مايىل بولىدۇ).\f*  \x + \xo 2:7 \xt 1كور. 15‏:45، 47.\x* \v 8 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «ئېرەم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېدەن». مەنىسى «لەززەت»، «ھۇزۇر».\f* \v 9 پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، \add مېۋىلىرى\add* يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى.\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»\+bd* ــ بۇ دەرەخلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:9 \xt ۋەھ. 2‏:7. \x* \v 10 باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى. \v 11 بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. \v 12 بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «دېۋىرقاي»\+bd* ــ ياكى «مەرۋايىت».\f* \v 13 ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. \v 14 ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى.\f □ \fr 2:14 \ft \+bd «دىجلە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھىددەكەل». \+bd «ئاشۇر»\+bd* ــ ئاسۇرىيەنىڭ قەدىمكى نامى.\f* \b \m \v 15 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى.\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «پەرۋىش قىلسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋىش قىلىش» مۇشۇ يەردە يەنە «قوغداش، مۇداپىئە قىلىش، قاراش» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \fp ئېنىقكى، ئىنساننىڭ ئەمگەك-خىزمەت قىلىشى ئىنساننىڭ گۇناھكار بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بىرخىل بەخت-بەرىكەتتۇر. بىراق ئىنسانلارنىڭ گۇناھقا پېتىپ قالغاندىن كېيىنكى قىلغان ئەمگىكى بەك جاپالىق بولىدۇ.\f* \v 16 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ \v 17 ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى. \b \m \s1 ھاۋا ئانىنىڭ يارىتىلىشى \m \v 18 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى.\f □ \fr 2:18 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان»\+bd* ــ ياكى «ئۆزىگە ئوخشاش». \+bd «ياردەمچى ھەمراھ»\+bd* ــ بۇ سۆز ھەرگىز ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن مەلۇم تەرەپتە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى يەرلەردە خۇدا ئۆزىنىڭ ئىنسانغا «ياردەمچى» بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن، «زەب.» 14:10، 10:30، 1:46، 4:54دە).\f* \m \v 19 پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. \v 20 بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى. \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى.\f □ \fr 2:21 \ft \+bd «بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ»\+bd* ــ ياكى «بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ».\f* \v 22 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى.\x + \xo 2:22 \xt 1كور. 11‏:8. \x* \v 23 ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «ئايال»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئىششاھ»، «ئەر كىشى» «ئىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەر ئەرەبچە «ئىنسان» ۋە «نىسا» دېگەن سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.\f*  \x + \xo 2:23 \xt مال. 2‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:30،31. \x* \m \v 24 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ.\f □ \fr 2:24 \ft \+bd «باغلىنىش»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «باغلىنىش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «يىلىم بىلەن چاپلىنىش» دېگەنگە يېقىندۇر. \+bd «بىر تەن»\+bd* ــ ياكى: «بىر ئەت». \+bd «بىر تەن بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «بىر تەن بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ».\f*  \x + \xo 2:24 \xt مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:7؛ ئ‍ەف. 5‏:28، 29، 31؛ 1كور. 6‏:16. \x* \m \v 25 ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى.\f □ \fr 2:25 \ft \+bd «يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 2:25 \xt يار. 3‏:7. \x* \b \b \m \c 3 \s1 ئادەمئاتىنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى \m \v 1 يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «يىلان... دەپ سورىدى»\+bd* ــ بىزدە گۇمان يوقكى، يىلاننى ئىشلىتىپ سۆز قىلغۇچى شەيتان ئىدى («ۋەھ.» 9:12، 2:20نى كۆرۈڭ). ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، شەيتان «خۇدا» دېگىنى بىلەن «رەب» ياكى «پەرۋەردىگار» دېگەن ناملارنى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ئايالدىن سوئال سورىغاندا خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزىدىكى «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋېتىدۇ.\f* \m \v 2 ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. \v 3 ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ»\+bd* ــ ھاۋائانىمىز خۇدانىڭ تاپىلىغىنىنى ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان، ئىككىنچىدىن خۇدانىڭ سۆزىگە: «قول تەگكۈزمەڭلەر» دېگەننى قوشۇپ قويىدۇ (4:2). لېكىن ھاۋائانىمىز مۇشۇ سۆزلەرنى بىۋاسىتە خۇدادىن ئاڭلىغان ئەمەس، ئېرى ئادەمئاتىمىز ئۇنىڭغا توغرا يەتكۈزۈشى كېرەك ئىدى؛ شۇڭا بۇ خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادەمئاتىمىزدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. \fp يەنە دىققەت قىلىمىزكى، گەرچە «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ئىككى دەرەخ بولسىمۇ، ھاۋائانىمىز پەقەت «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخ» دەپ، بىرلا دەرەخنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان شۇ دەرەخكە مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!\x + \xo 3:4 \xt 2كور. 11‏:3. \x* \v 5 بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. \x + \xo 3:5 \xt يـۇھ. 8‏:44\x* \m \v 6 ئايال دەرەخنىڭ \add مېۋىسىنىڭ\add* يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. \f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ئايال ... كۆردى»\+bd* ــ ھاۋائانا ئۇچرىغان ئازدۇرۇلۇشنى مەسىھ ئەيسا ئۇچرىغان سىناق بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇلاردا ئوخشاش ئۈچ ئامىل مەۋجۇت ــ «لۇقا» 1:4-14 ۋە «1يۇھ.» 16:2نى كۆرۈڭ. \fp ئىنجىل بويىچە ھاۋائانىمىز ئالدىنىپ قالغۇچى، تولۇق گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئادەمئاتىمىزدۇر؛ چۈنكى ئۇ ھېچ قارشىلىق كۆرسەتمەي، بىلىپ تۇرۇپ شۇ مېۋىدىن يېدى («1تىم.» 14:2نى كۆرۈڭ). ئادەمئاتىمىز ھاۋائانىنىڭ يېنىدا بولغىنى بىلەن، يەنىلا ئۇنى مېۋىنى يېيىشتىن توسۇمىدى.\f*  \x + \xo 3:6 \xt رىم. 5‏:12، 14-21؛ 1تىم. 2‏:14. \x* \v 7 يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. \m \v 8 كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «كۈن سالقىنلىغاندا»\+bd* ــ ياكى «كۈننىڭ سالقىن شامال ۋاقتىدا». «كۈننىڭ سالقىنلىشىش ۋاقتى» ئوتتۇرا شەرقتە كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ.\f* \v 9 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى. \m \v 10 ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: \m ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى. \m \v 11 \add خۇدا\add* ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى. \m \v 12 ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى. \m \v 13 پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. \x + \xo 3:13 \xt ۋەھ. 12‏:13. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ يىلان، ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىنى جازالىشى \m \v 14 پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، \m سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، \m دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ \m قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، \m ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن.\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى»\+bd* ــ خۇدا يىلاندىن ھېچقانداق سوئال سورىمايدۇ. \+bd «بەكرەك لەنەتكە قالىسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەقەت سەنلا شۇ لەنەتلەرگە قالىسەن...». ئەمما ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بارلىق جان ئىگىلىرى لەنەتكە قېلىپ ئۆلىدۇ؛ شۇڭا بىز 14:3دىكى تەرجىمىنى توغرا دەپ قارايمىز. \+bd «توپا يەيسەن»\+bd* ــ يىلانلارنىڭ ئوزۇقى توپا ئەمەس، ئەلۋەتتە، بىراق ئۇلار ھەردائىم ئوزۇق يېگەندە توپا يېمەي قالمايدۇ. بۇ ئىش يىلاننىڭ پەسلەستۈرۈلگەنلىكىنى، نومۇسقا قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.\f* \m \v 15 ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، \m سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ \m ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، \m سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى \add چېقىپ\add* زەخىملەندۈرىسەن».\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ»\+bd* ــ ئايالنىڭ نەسلى شۇنداق قىلىدۇ. \+bd «ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىش شۇكى، ئايال كىشىنىڭ نەسلى شەيتاننىڭ بېشىنى پۇتى بىلەن دەسسەپ يانچىغاندا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ تاپىنىنى يارىلاندۇرىدۇ. بۇ بېشارەتنى دۇنياغا كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق، دەپ ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:15 \xt مات. 4‏:1؛ كول. 2‏:15. \x* \m \v 16 ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ \m سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ \m سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، \m ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «ھامىلىدارلىقىڭنى...كۆپەيتىمەن»\+bd* ــ ئىنسان ئۆلىدىغان قىلىنغاچقا، ئايال كىشى كۆپرەك بالا تۇغۇشى كېرەك. \+bd «سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن ۋە ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ». ئەمما خۇدانىڭ مۇشۇ ھۆكۈمى بىلەن گۇناھ تۈپەيلىدىن ئەر-ئايال ئارىسىدا زىددىيەت ۋە كۈرەش پەيدا بولدى، دېگەنلىكتۇر، دەپ قارايمىز. ئوخشاش پېئىللارنى ئىشلەتكەن، ئوخشاش شەكىللىك بىر جۈملە 7:4دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:16 \xt 1كور. 14‏:34؛ 1تىم. 2‏:11، 12؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:6. \x* \m \v 17 ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، \m مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، \m سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ \m ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئايالىڭنىڭ سۆزىگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايالىڭنىڭ ئاۋازىغا». \+bd «... دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن»\+bd* ــ ئەلۋەتتە، ئادەمئاتىنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىي تېكىست ئىبرانىي تىلىدا «دەرەختىن» دەپ ئېلىنىدۇ.\f* \m \v 18 يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ \m شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن»\+bd* ــ نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە ئىنسانلارغا پەقەت زىرائەت-ئوتياش (گۆشنى ئەمەس) يېيىشكە رۇخسەت ئىدى (29:1نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 19 تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ \m چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ \m سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، \m يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى. \m \v 20 ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى.\f □ \fr 3:20 \ft \+bd «ھاۋا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. ئادەمئاتىنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشارەتلىك ئىدى؛ چۈنكى ھاۋائانا تېخىچە بالا تۇغمىغانىدى.\f* \b \m \v 21 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى.\f □ \fr 3:21 \ft \+bd «ھايۋان تېرىلىرى»\+bd* ــ بۇ تېرىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەلۇم گۇناھسىز ھايۋاناتلار ئۆلۈشى كېرەك. بۇ بەلكىم بىرىنچى قۇربانلىقلار بولۇشى مۇمكىن. خۇدانىڭ ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىمىزغا ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان مۇئامىلىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:21 \xt 2كور. 5‏:1-5\x* \b \m \s1 ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى \m \v 22 پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن \add ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك\add*، دېدى.\f □ \fr 3:22 \ft \+bd «بىزلەر»\+bd* ــ بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (26:1 توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ئەينى تېكىستتە يوق.\f* \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. \v 24 ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى.\f □ \fr 3:24 \ft \+bd «كېرۇبلار»\+bd* ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 4 \s1 قابىل بىلەن ھابىل \m \v 1 ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانانى تونىدى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «قابىل»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قايىن» دېيىلىدۇ. «قايىن» ياكى «كايىن» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. \+bd «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم». ئەينى تېكىست «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ پەرۋەردىگار!» دېگەن مەزمۇندىدۇر. بىزنىڭچە ھاۋائانىمىز «خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق ۋەدىسى ھازىر مەن تۇغقان بالا بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى!» دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. ئۇ ناھايىتى تېزلا قابىلنىڭ ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 2 ئاندىن ئۇ يەنە قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا تېرىقچى بولدى.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ھابىل»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەبەل» بولۇپ، مەنىسى «بىر تىنىق»، «ھور»، «بۇس» «ھېچنېمە» دېگەندەكتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسىم ھاۋائانىمىز ياكى ئادەمئاتىمىزنىڭ بىرخىل ئۈمىدسىزلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 3 بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، خۇدا ھابىل ۋە قابىلغا ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان بىر كۈننى بېكىتىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 4 ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ يېغى»\+bd* ــ قويلارنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى دەپ قارىلاتتى. \+bd «پەرۋەردىگار ھابىلنى ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىگە قارىدى».\f*  \x + \xo 4:4 \xt ئىبر. 11‏:4. \x* \v 5 لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟ \v 7 ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا \add سېنى پايلاپ\add* بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، كۆتۈرۈلۈش بولمامدۇ؟» دېيىلىدۇ. ئەمدى نېمە كۆتۈرۈلىدۇ؟ ياكى قابىلنىڭ يۈزى ياكى ئېلىپ كەلگەن قۇربانلىقى (توغرا بولسا) كۆتۈرۈلىدۇ ياكى قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى بار تەرجىمىسى شۇكى: ــ «سەن (قابىل) ئىنىڭدىن يۇقىرى (ئاكا سۈپىتىگە لايىق) كۆتۈرىلىسەن» دېگەندەك بولىدۇ. \+bd «دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ...»\+bd* ــ نېمىشقا قابىلنىڭ ھەدىيەسى قوبۇل قىلىنمىدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 8 قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى»\+bd* ــ ئەڭ كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «قابىل ئىنىسى ھابىل بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇپ، دالادا...» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:8 \xt مات. 23‏:35؛ 1يۇھ. 3‏:12؛ يەھ. 11. \x* \m \v 9 پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 10 خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!\x + \xo 4:10 \xt ئىبر. 12‏:24. \x* \v 11 ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن.\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ...»\+bd* ــ دېمەك: (1) يەر-زېمىن ھابىلنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان ۋە (2) قابىل شۇ زېمىندىن قوغلانغان.\f* \v 12 سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى.\x + \xo 4:12 \xt پەند. 28‏:17. \x* \m \v 13 بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك! \v 14 مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى.\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!»\+bd* ــ روشەنكى، شۇ ۋاقىتتا يەر يۈزىدە ئادەملەر ئاللىقاچان كۆپىيىپ كەتكەنىدى. \fp «كىملا مېنى تېپىۋالسا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!» ــ قابىل قەيەرگىلا بارسا شۇ يەردىكى تۇپراق ئۈنمەس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مېڭىۋاتقان بىر ئاپەتتۇر، شۇڭا ئۇنى كۆرگەنلا كىشى ئۇنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ.\f*  \x + \xo 4:14 \xt ئايۇپ 15‏:20، 21. \x* \m \v 15 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى. \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «نود»\+bd* ــ مەنىسى «سەرگەردانلىق»، «بىئاراملىق».\f* \b \m \s1 قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى ــ «مەدىنىيەت»نىڭ باشلىنىشى \m \v 17 قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ، ئايالى ھامىلىدار بولۇپ ھانوخنى تۇغدى. ئۇ ۋاقىتتا قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىۋاتاتتى؛ ئۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن ھانوخ دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 4:17 \ft \+bd «قابىلنىڭ ئايالى»\+bd* ــ قابىلنىڭ ئايالى بەلكىم ئۇنىڭ سىڭلىسى ياكى نەۋرە سىڭلىسى بولسا كېرەك («يار.» 4:5نى كۆرۈڭ). شۇ ۋاقىتتا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان ئەمەس؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق نىكاھلىنىش دەسلەپكى دەۋرلەردە ھېچقانداق ئىرقىي (گېنېتىكىلىك) كەمتۈكلۈك ياكى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايتتى.\f* \v 18 ھانوختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مەھۇيائىل تۆرەلدى، مەھۇيائىلدىن مەتۇشائىل تۆرەلدى، مەتۇشائىلدىن لەمەخ تۆرەلدى. \m \v 19 لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى.\f □ \fr 4:19 \ft \+bd «لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى»\+bd* ــ بۇ ئەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئىككى ئايال ئېلىشى ئىدى. گەرچە شۇ چاغدا خۇدا بۇ توغرۇلۇق بىۋاسىتە ئەمر بەرمىگەن بولسىمۇ، روشەنكى، ئۇ ئادەمئاتىمىزغا پەقەت بىر ھاۋائانىمىزنى يارىتىپ بەرگەنىدى («مات.» 3:19-6نى كۆرۈڭ).\f* \v 20 ئاداھ يابالنى تۇغدى. ئۇ چېدىردا ئولتۇرىدىغان كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى.\f □ \fr 4:20 \ft \+bd «بوۋىسى»\+bd* ــ ياكى «پىرى»، «ئاساسچىسى»\f* \v 21 ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. بۇ چىلتار بىلەن نەي چالغۇچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى.\f □ \fr 4:21 \ft \+bd «ئېنوش»\+bd* ــ ياكى «پىرى»، «ئاساسچىسى».\f* \v 22 زىللاھ يەنە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈر ئەسۋابلارنى سوققۇچى ئىدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاماھ ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. \m \v 23 لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: \m ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! \m ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! \m مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، \m تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم. \m \v 24 ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، \m لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى.\f □ \fr 4:24 \ft \+bd «لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ... دېدى»\+bd* ــ لەمەخنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىنىشىدىكى مەقسەت بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمەن ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ، مەنمەنچىلىككە پېتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 4:24 \xt يار. 4‏:15. \x* \b \m \s1 شېت بىلەن ئېنوش \m \v 25 ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويۇپ: قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ ئورنىغا ماڭا باشقا بىر ئەۋلاد تىكلەپ بەردى، دېدى.\f □ \fr 4:25 \ft \+bd «شېت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېكىتىلگەن» ياكى «تىكلەنگەن» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 26 شېتتىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئېنوش دەپ ئات قويدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىشقا باشلىدى.\f □ \fr 4:26 \ft \+bd «ئېنوش»\+bd* ــ «(ئاجىز) ئىنسان» دېگەن مەنىدە. بۇ سۆز ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ «ئىنسان» بولۇپ قالغان. \fp «ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىشقا باشلىدى» ــ بۇ ئىبارە خۇداغا ئىبادەت-دۇئا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ («يوئېل» 32:2، «روس.» 21:2، «رىم.» 13:10، «1كور.» 2:1نى كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 5 \s1 ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى ــ نۇھ پەيغەمبەرگىچە \r 1تار. 1‏:1-27 \m \v 1 بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ \m خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى.\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئىككىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئادەمئاتىنىڭ تولىدوتى» («ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسى») (1:5-8:6) باشلىنىدۇ («تولىدوت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ). \+bd «بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە يەنە كېلىپ بەلكىم ئادەمئاتا ئۆزى خاتىرىلەپ قالدۇرغان قىسمىنىڭ خاتىمىسى بولۇشى مۇمكىن ۋە كىتابنىڭ يېڭى بىر قىسمىنىڭ، يەنى 3-قىسمىنىڭ باشلىنىشىدۇر (1:5-8:6).‮‮\f*  \x + \xo 5:1 \xt يار. 1‏:26؛ 9‏:6؛ 1كور. 11‏:7. \x* \v 2 ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ،...»\+bd* ــ 1-ئايەتتە ئىنسان «ئۇنى» دېيىلىدۇ؛ 2-ئايەتتە «ئۇلارنى» دېيىلىدۇ. دېمەك، 1-ئايەتتە ئەر-ئايالنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ شۇڭا ئىنسان «ئۇ» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:2 \xt يار. 1‏:26؛ مات. 19‏:4؛ مار. 10‏:6. \x* \m \v 3 ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. \v 4 شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن \add يەنە\add* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.\f □ \fr 5:4 \ft \+bd شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتىنىڭ كۈنلىرى سەككىز يۈز يىل بولدى». بۇ بابتىكى ئوخشاش شەكىللىك جۈملىلەرنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى شۇنداق.\f*  \x + \xo 5:4 \xt 1تار. 1‏:1. \x* \v 5 ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 6 شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى.\x + \xo 5:6 \xt يار. 4‏:26. \x* \v 7 ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن شېت سەككىز يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن \add يەنە\add* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 8 شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \v 9 ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن كېنان تۆرەلدى.\x + \xo 5:9 \xt 1تار. 1‏:2. \x* \v 10 كېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش سەككىز يۈر ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 11 ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 12 كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى. \v 13 ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن \add يەنە\add* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 14 كېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 15 ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى. \v 16 يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن \add يەنە\add* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 17 ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 18 يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى.\x + \xo 5:18 \xt 1تار. 1‏:3. \x* \v 19 ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 20 يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 21 ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى.\x + \xo 5:21 \xt يەھ. 14.\x* \v 22 مەتۇشەلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھانوخ ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يەنە ئوغۇل-قىزلارنى تاپتى.\x + \xo 5:22 \xt ئىبر. 11‏:5. \x* \v 23 ھانوخنىڭ \add يەر يۈزىدە\add* بارلىق كۆرگەن كۈنلىرى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل بولدى؛ \v 24 ئۇ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى؛ ئۇ \add تۇيۇقسىز كۆزدىن\add* غايىب بولدى؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. \f □ \fr 5:24 \ft \+bd «ھانوخ... خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى»\+bd* ــ ھانوخ بولسا پەيغەمبەر ئىدى؛ ئۇ خۇدانىڭ چۈشۈرىدىغان جازالىرى توغرۇلۇق ئاگاھالاندۇراتتى («يەھ.» 14-ئايەتنى كۆرۈڭ). «ئىبر.» 5:11نىمۇ كۆرۈڭ. \fp ئۇنىڭ ئوغلىنى «مەتۇشەلاھ» دەپ ئاتىشى بەلكىم بېشارەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى «مەتۇشەلاھ»نىڭ مەنىسى «ئۇ ئۆلگەندە، (شۇ ئىش) بارلىققا كېلىدۇ!» دېگەن مەنىدە. ئوقۇرمەنلەر ھېسابلاپ كۆرسە، مەتۇشەلاھ ئۆلگەن يىلى خۇدانىڭ جازاسى بولغان توپان ئاپىتى يەر يۈزىگە چۈشكەنلىكىنى بىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:24 \xt ئىبر. 11‏:5. \x* \m \v 25 مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن لەمەخ تۆرەلدى. \v 26 لەمەخ تۇغۇلغاندىن كېيىن مەتۇشەلاھ يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 27 مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 28‏-29 لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز \add يەرگە\add* ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 5:28‏-29 \ft \+bd «نۇھ»\+bd* ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «ئارام» دېگەنلىك بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا «تەسەللى» دېگەن سۆزگە يېقىن كېلىدۇ.\f* \v 30 نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن لەمەخ بەش يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \v 31 لەمەخ جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \m \v 32 نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شەم، ھام ۋە يافەت تۆرەلدى. \b \b \m \c 6 \s1 خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىدىن ئازابلىنىشى \m \v 1 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا، \v 2 خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»\+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق تۆت خىل چۈشەنچە بار: ــ \fp (1) ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى بىر خىل زاتلار، پەرىشتىلەر ياكى روھلاردىن ئىبارەتتۇر. \fp (2) ئىنسان ئەمەس، بەلكى جىنلار ياكى يامان روھلاردىن ئىبارەتتۇر. \fp (3) ھەر جەھەتتىن ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئادەملەر، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدار. \fp (4) قابىلنىڭ خۇداسىز ئەۋلادلىرىدەك ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان شېتنىڭ ئىخلاسمەن ئەۋلادلىرىدۇر. \fp بىز بىرىنچى كۆزقاراشتا بولىمىز؛ «ئايۇپ» 6:1، 1:2، 7:38نى كۆرۈڭ. بۇنىڭ سەۋەبىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بېرىمىز.\f*  \x + \xo 6:2 \xt يەھ. 6-7\x* \m \v 3 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ \m ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «ئىنسان ئەتتۇر»\+bd* ــ «ئەت» دېگەن ئىبارە (ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا ئىبارىلەر) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا تىلغا ئېلىنغاندا، دائىم دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ گۇناھقا ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى، يەنى ئۆز ئېتىدىكى ھەۋەس-ئىشتىياقلىرىغا ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى تەكىتلەيدۇ. «ئەت» دېگەن سۆز مۇقەددەس كىتابتا مۇشۇ يەردە بىرىنچى قېتىم ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى كۆرسەتكەن. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ»\+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ ياشاۋەرمەيدۇ». لېكىن بىزنىڭچە خۇدا بۇ ئايەتتە ئۆز روھىنىڭ ئادەمنىڭ گۇناھىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋىجدانىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك؛ بۇ تەرجىمىنى ئالدى-كەينىدىكى بايانلارغا ئەڭ مۇۋاپىق تەرجىمە دەپ قارايمىز. خۇدا ئادەمنىڭ گۇناھلىرىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆمرىگە چەك (120 ياش) قويىدۇ («تېسالونىكالىقلارغا (2)»)دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \fp ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، نۇھتىن ئىلگىرى ئادەملەر بىرنەچچە يۈز يىل ياشايتتى. \fp «كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: «بىراق ئۇلارغا يەنىلا بىر يۈز يىگىرمە يىل (توپان كەلگۈچە) ئۆمۈر بېرىمەن».\f* \m \v 4 شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى.\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «گىگانتلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەفىلىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نەفىلىم» دېگەننىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «يىقىلغانلار» بولۇشى مۇمكىن. \fp \+bd «داڭلىق پالۋان-باتۇرلار»\+bd* ــ ئۇلار گەرچە «پالۋان-باتۇرلار» بولسىمۇ، ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن رەزىل ئىدى (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 5 پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «ھەرقاچان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۈتكۈل كۈنىدە».\f*  \x + \xo 6:5 \xt يار. 8‏:21؛ ئايۇپ 15‏:16؛ پەند. 6‏:14؛ يەر. 17‏:9؛ مات. 15‏:19؛ رىم. 3‏:11،12،13؛ 8‏:6. \x* \v 6 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. \v 7 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ \m ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى. \m \v 8 لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى. \b \m \s1 نۇھنىڭ كېمە ياسىشى \m \v 9 نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ \m نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى.\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئۈچىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «نۇھنىڭ تارىخى» ياكى «نۇھنىڭ تولىدوتى» (9:6-29:9) باشلىنىدۇ («تولىدوت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 6:9 \xt يار. 5‏:22. \x* \v 10 نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. \m \v 11 پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى. \v 12 خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى.\f □ \fr 6:12 \ft \+bd «ئەت ئىگىلىرى»\+bd* ــ بۇ ئىبارە مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ (3:6نىڭ ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ). \fp بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 19-ئايەتتە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (4:6نى كۆرۈڭ). \fp \+bd «بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ ... قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئەت ئىگىلىرى... ئۆز يولىنى بۇزغانىدى».\f* \v 13 شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ \m مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. \v 14 ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا.\f □ \fr 6:14 \ft \+bd «گوفەر ياغىچى»\+bd* ــ ياكى «ئارچا ياغىچى». \+bd «كېمە»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ۋە بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نىسبىتى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ كېمىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن شەكلى پەقەت ساندۇقتەك ئىدى. سەۋەبى، شۇ كېمىنىڭ مەقسىتى دېڭىزدا مېڭىش ئەمەس، پەقەت لەيلەپ يۈرەشتىن ئىبارەت ئىدى.\f* \v 15 سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن.\f □ \fr 6:15 \ft \+bd «گەز»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى.\f* \v 16 كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا.\f □ \fr 6:16 \ft \+bd «كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا»\+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بار، لېكىن ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش.\f* \m \v 17 چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ. \v 18 لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار.\x + \xo 6:18 \xt 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 2‏:5. \x* \v 19 ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛\f □ \fr 6:19 \ft \+bd «بارلىق جاندارلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەت ئىگىلىرىدىن». \fp بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 15:7دە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 20 تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. \v 21 ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى. \m \v 22 نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى.\x + \xo 6:22 \xt يار. 7‏:5؛ ئىبر. 11‏:7. \x* \b \b \m \c 7 \s1 توپان بالاسى \m \v 1 پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ \m «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم.\x + \xo 7:1 \xt يار. 6‏:9؛ 2پېت. 2‏:5. \x* \v 2‏-3 ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، ھارام ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، شۇنىڭدەك ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىرىك ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئەكىر.\f □ \fr 7:2‏-3 \ft \+bd «ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن»\+bd* ــ ياكى «ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتىدىن». \+bd «ھالال» ۋە «ھارام»\+bd* ــ نۇھنىڭ دەۋرىدە «ھالال» ۋە «ھارام» دېگەن ئۇقۇم يېگىلى بولىدىغان ۋە يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنى كۆرسەتكەن ئەمەس (3:9-34نى كۆرۈڭ)، بەلكى قۇربانلىققا نېمىنى سۇنۇشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى (20:8نى كۆرۈڭ). \+bd ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن «يەتتە جۈپتىن»\+bd* ــ ياكى «ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتىدىن».\f*  \x + \xo 7:2‏-3 \xt لاۋ. 11. \x* \v 4 چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن». \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى.\x + \xo 7:5 \xt يار. 6‏:22. \x* \v 6 يەر يۈزىنى توپان باسقاندا نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. \v 7 توپاندىن \add قۇتۇلۇپ قېلىش\add* ئۈچۈن نۇھ بىلەن ئوغۇللىرى، ئايالى ۋە كېلىنلىرى بىللە كېمىگە كىردى.\x + \xo 7:7 \xt مات. 24‏:38؛ لۇقا 17‏:27؛ 1پېت. 3‏:20. \x* \v 8‏-9 ھالال ھايۋانلار بولسۇن، ھارام ھايۋانلار بولسۇن، قۇشلار بىلەن يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بولسۇن، \add ھەربىر تۈردىن\add* بىر جۈپ-بىر جۈپتىن ئەركەك-چىشى بولۇپ، خۇدا نۇھقا بۇيرۇغاندەك كېمىگە، نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. \v 10 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى. \m \v 11 نۇھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتە يۈزىنچى يىلى، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىدە چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېچىلىپ كەتتى.\f □ \fr 7:11 \ft \+bd «چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار»\+bd* ــ ياكى «يەرنىڭ (ئاستىدىكى) چوڭقۇر تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار».\f* \v 12 يامغۇر ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە توختىماي ياغدى. \m \v 13 دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى. \v 14 ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى. \v 15 ئەت ئىگىلىرىدىن، يەنى بارلىق ھاياتلىق تىنىقى بولغان ھەرخىل جاندارلاردىن، بىر جۈپ-بىر جۈپ بولۇپ، كېمىگە نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. \v 16 كىرگەنلەر خۇدانىڭ نۇھقا بۇيرۇغىنىدەك ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەرتۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسى ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى.\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار ئۇنى ئىچىگە سولاپ قويدى».\f* \m \v 17 توپان يەر يۈزىنى ئۇدا قىرىق كۈن بېسىپ، سۇلار ئۇلغىيىپ كەتتى. كېمە يەر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ لەيلەپ قالدى. \v 18 سۇ ئۇلغىيىپ، يەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتتى؛ كېمە سۇ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇراتتى. \v 19 سۇلار يەر يۈزىدە تولىمۇ ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئېگىز تاغلارنىمۇ بېسىپ كەتتى. \v 20 سۇلار \add تاغلاردىن\add* يەنە ئون بەش گەز ئۆرلەپ، تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى. \m \v 21 بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛\x + \xo 7:21 \xt لۇقا 17‏:27. \x* \v 22 قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى، بۇرنىدا ھاياتلىق تىنىقى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. \v 23 يەر يۈزىدىكى جېنى بارلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسان بولسۇن، مال-چارۋىلار بولسۇن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بولسۇن، ئاسماندىكى قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلىندى؛ پەقەت نۇھ ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلار قۇتۇلۇپ قالدى.\x + \xo 7:23 \xt 2پېت. 2‏:5. \x* \v 24 بىر يۈز ئەللىك كۈنگىچە يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى.\f □ \fr 7:24 \ft \+bd «يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى»\+bd* ــ ياكى «سۇ يەر يۈزىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى».\f*  \x + \xo 7:24 \xt زەب. 29‏:10؛ 93‏:1-4؛ 104‏:6-9\x* \b \b \m \c 8 \s1 توپاننىڭ يېنىشى \m \v 1 خۇدا نۇھنى، شۇنداقلا كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بارلىق مال-چارۋىلارنى ئەسلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر شامال چىقىرىپ يەر يۈزىنى يەلپۈتتى ۋە سۇلار يېنىشقا باشلىدى. \v 2 چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بۇلاقلار ۋە ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېتىلىپ، ئاسماندىن تۆكۈلگەن يامغۇر توختىدى. \v 3 سۇلار بارغانسېرى يەر يۈزىدىن ياندى؛ بىر يۈز ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئازلىدى. \m \v 4 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىرىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى.\f □ \fr 8:4 \ft \+bd «توختاپ قالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەم ئالدى». \fp «ئارارات تاغلىرى» شەرقىي تۈركىيەدە بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 5 سۇلار ئونىنچى ئايغىچە بارغانسېرى ئازىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. \m \v 6 قىرىق كۈندىن كېيىن نۇھ كېمىگە ئۆزى ئورناتقان دەرىزىنى ئېچىپ، \v 7 بىر قۇزغۇننى سىرتقا چىقاردى. ئۇ يەر يۈزىدىكى سۇلار تارتىلىپ بولغۇچە ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈردى. \v 8 ئۇنىڭدىن كېيىن نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى چىقاردى.\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «كەپتەرنى»\+bd* ــ ياكى «پاختەك». ئىبرانىي تىلىدا بۇ قۇش «يونا» دەپ ئاتىلىدۇ. «يونا» ئىبرانىي تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 9 لېكىن سۇلار تېخىچە پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر پۇتىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي، نۇھنىڭ قېشىغا كېمىگە يېنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ قولىنى سۇنۇپ ئۇنى تۇتۇپ، كېمىگە ئەكىرىۋالدى. \v 10 ئۇ يەتتە كۈن ساقلاپ، بۇ كەپتەرنى كېمىدىن يەنە سىرتقا چىقاردى. \v 11 كەپتەر كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى؛ مانا، ئۇنىڭ تۇمشۇقىدا يېڭى ئۈزۈۋالغان زەيتۇن يوپۇرمىقى بار ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغىنىنى بىلدى. \v 12 ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلاپ، كەپتەرنى يەنە سىرتقا چىقاردى، ئەمما بۇ قېتىم كەپتەر ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمىدى. \m \v 13 نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سۇ يەر يۈزىدىن قۇرۇغانىدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ قارىۋىدى، يەرنىڭ قۇرۇغىنىنى كۆردى. \v 14 ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى. \m \v 15‏-16 ئۇ ۋاقىتتا خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: ــ سەن ئۆزۈڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭ كېمىدىن چىقىڭلار. \v 17 ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى.\x + \xo 8:17 \xt يار. 1‏:22، 28؛ 9‏:1. \x* \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن نۇھ، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقتى. \v 19 جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى، بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، بارلىق ئۇچار-قاناتلار، يەردە مىدىرلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقىشتى. \b \m \s1 نۇھنىڭ خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنۇشى \m \v 20 شۇ چاغدا نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ ئۇ ھالال جانىۋارلار بىلەن ھالال قۇشلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۆتكۈزدى.\f □ \fr 8:20 \ft \+bd «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»\+bd* ــ سۇنۇشتا ھايۋاننىڭ ھەممە قىسمى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:20 \xt لاۋ. 11. \x* \v 21 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ \add مەمنۇن بولدى\add*؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن.\f □ \fr 8:21 \ft \+bd «خۇشبۇي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئارام بەرگۈچى پۇراق» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەۋراتتا قۇربانلىقلاردىن چىققان «خۇشبۇي» دېيىلگەندە ئادەتتە ««ئارام بەرگۈچى پۇراق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ياشلىقىدىن تارتىپ»\+bd* ــ ياكى «كىچىكىدىن تارتىپ». \+bd «مەن ... يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن»\+bd* ــ ئاخىرقى زاماندا خۇدا پۈتكۈل يەرنى توپان بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوت بىلەن يوقىتىدۇ (11:9نى، «2پېت.» 6:3-7، «ۋەھ.» 1:21نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 8:21 \xt يار. 6‏:5؛ پەند. 22‏:15؛ مات. 15‏:19. مار. 7‏:21-23\x* \m \v 22 بۇندىن كېيىن، يەر مەۋجۇت كۈنلىرىدە، \m تېرىش بىلەن ئورما، \m سوغۇق بىلەن ئىسسىق، \m ياز بىلەن قىش، \m كۈندۈز بىلەن كېچە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 8:22 \ft \+bd «تېرىش بىلەن ئورما، سوغۇق بىلەن ئىسسىق، ياز بىلەن قىش»\+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتە «يىلنىڭ ئالتە پەسلى» دەپ قارىلىدۇ.\f*  \x + \xo 8:22 \xt يەر. 33‏:20،25. \x* \b \b \m \c 9 \s1 خۇدانىڭ نۇھ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى \m \v 1 خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ \m «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار.\x + \xo 9:1 \xt يار. 1‏:28؛ 8‏:17. \x* \v 2 يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. \v 3 مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم.\x + \xo 9:3 \xt يار. 1‏:29. \x* \v 4 لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك.\x + \xo 9:4 \xt لاۋ. 3‏:17؛ 7‏:26؛ 17‏:14؛ 19‏:26؛ قان. 12‏:23. \x* \v 5 قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن.\x + \xo 9:5 \xt مىس. 21‏:12،28. \x* \m \v 6 كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، \m ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ \m چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر.\x + \xo 9:6 \xt يار. 1‏:27؛ يىغ. 4‏:13؛ مات. 26‏:52؛ ۋەھ. 13‏:10. \x* \m \v 7 ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار».\x + \xo 9:7 \xt يار. 1‏:28؛ 8‏:17. \x* \m \v 8‏-9 ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن\x + \xo 9:8‏-9 \xt يەش. 54‏:9. \x* \v 11 مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس».\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «ئەھدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەھدەم».\f* \m \v 12‏-13 خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛ \v 14‏-15 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلارنى چىقارغىنىمدا، شۇنداقلا ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئىچىدە ئايان بولغىنىدا، مەن سىلەر بىلەن ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن سۇلار ھەرگىز ھەممە جاندارلارنى ھالاك قىلغۇچى توپان بولماس. \v 16 ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى. \m \v 17 خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى. \b \m \s1 نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى؛ نۇھنىڭ ئۆز ئوغۇللىرى توغرۇلۇق بېشارىتى \m \v 18 نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى.\f □ \fr 9:18 \ft \+bd «قانائان»\+bd* ــ مۇشۇ «قانائان» دېگەن كىشى «قانائانىيلار»نىڭ ئەجدادى ئىدى.\f*  \x + \xo 9:18 \xt يار. 6‏:10. \x* \m \v 19 بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر. \v 20 نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى.\f □ \fr 9:20 \ft \+bd «تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تۇپراق ئەھلى ئىدى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 21 ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. \v 22 قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى. \v 23 شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى.\f □ \fr 9:23 \ft \+bd «يېپىنچى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم ئاتىسىنىڭ كىيىمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ سۆزدىن قارىغاندا، ھام ئۇنى دادىسىنىڭ چېدىرىدىن ئېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 24 نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ \m \v 25 قانائانغا لەنەت بولغاي! \m ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، \m ــ دەپ قارغىدى. \f □ \fr 9:25 \ft \+bd «قانائانغا لەنەت بولغاي!»\+bd* ــ يامان ئىش قىلغىنى ھام تۇرسا، نېمىشقا ئوغلى قانائان لەنەتكە قالدى؟ بۇ مەسىلە توغرۇلۇق، شۇنداقلا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتىنىڭ باشقا قىسىملىرى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 26 ئۇ يەنە: ــ \m شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! \m قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن. \m \v 27 خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! \m ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، \m قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى.\f □ \fr 9:27 \ft \+bd «نۇھ پەيغەمبەرنىڭ 25-27-ئايەتتىكى بېشارىتى»\+bd* ــ نۇھ پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 28 نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى. \v 29 بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. \b \b \m \c 10 \s1 نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى ــ «ئەللەرنىڭ نەسەبنامىسى» \r 1تار. 1‏:1-27 \m \v 1 تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ \f □ \fr 10:1 \ft \+bd «ئىزاھات»\+bd* ــ مۇشۇ بابتىكى نەسەبنامىدىكى بەزى تەپسىلاتلار ۋە نەسەبنامىدىكى يەتمىش ئەلنىڭ ھازىرقى قايسى ئەل ئىكەنلىكى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خەرىتىنى كۆرۈڭ. \+bd «تۆۋەندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ »\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ تۆتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تولىدوتى» («نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:10-9:11) باشلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 10:1 \xt 1تار. 1‏:4\x*  \fig ئەللەرنىڭ نەسەبنامىسى|src="genealogicaltreenations-uara-01.jpg" size="span" ref="«يار.» 10" \fig* \m \v 2 يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى.\x + \xo 10:2 \xt 1تار. 1‏:5. \x* \m \v 3 گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى. \m \v 4 ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى.\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «يافەتنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر پەقەت ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىل.\f* \v 5 بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. \m \v 6 ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى.\f □ \fr 10:6 \ft \+bd «مىسىر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىتسرائىم». \+bd «پۇت»\+bd* ــ «لىۋىيە»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولدى.\f*  \x + \xo 10:6 \xt 1تار. 1‏:8. \x* \m \v 7 كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى. \v 8 كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «نىمرود»\+bd* ــ بۇ ئىسىم «ئاسىي» «ئىسيان كۆتۈرگۈچى» دېگەن مەنىدە. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا كېيىنرەك قويۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇداغا قارشى چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن.\f*  \x + \xo 10:8 \xt 1تار. 1‏:10. \x* \v 9 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان.\f □ \fr 10:9 \ft \+bd «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم نىمرودنىڭ ئىسمىنى چۈشەندۈرىدۇ. «ئوۋچى» مۇشۇ يەردە بەلكىم ھايۋانلارنىلا ئەمەس، ئىنسانلارنى ئوۋلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ بۇ يەردە «ئوۋچى» دېگەن سۆزنىڭ «جاھانگىر» دېگەن مەنىسىمۇ بار. كونا يەھۇدىي ئۇستازلار («راببىلار»)نىڭ ھەممىسى: «پەرۋەردىگار ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى» دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ خۇداغا قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايتتى. چۈنكى نىمرود كېيىن بەرپا قىلغان شەھەرلەر، جۈملىدىن بابىل شەھىرى خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى چىققان، شۇنداقلا خۇداغا قارشى چىقىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. \+bd «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن سەلبىي بولۇشى مۇمكىن: «ئۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئادەم»، «ناھايىتى تەكەببۇر بىر جاھانگىر»، «ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىشقا پېتىنىدۇ» دېگەندەك مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 10 ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى.\f □ \fr 10:10 \ft \+bd «شىنار»\+bd* ــ «بابىل» ياكى «بابىلون»نىڭ باشقا بىر نامىدۇر. \+bd «ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى»\+bd* ــ «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەر ئىدى».\f* \v 11‏-12 ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).\f □ \fr 10:11‏-12 \ft \+bd «ئاشۇر»\+bd* ــ يەنى «ئاسۇرىيە». مۇمكىنچىلىكى باركى، نىمرود بابىل شەھىرىدە خۇداغا قارشى بولغان ھەرىكەتكە باشلامچى بولغانىدى؛ شۇڭا كېيىن (ئىنسان تىللىرى قالايمىقانلاشتۇرۇلغاندا) ئۇ بابىل شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. \fp «ئۇ بۇ زېمىنىدىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاشۇر شۇ زېمىندىن چىقىپ،...». \fp \+bd «بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى»\+bd* ــ دېمەك، نىنەۋە دېگەن «كاتتا شەھەر»نى كۆرسىتىدۇ («يۇن.» 1:1، 2:3، 3:3، 11:4نى كۆرۈڭ). چۈنكى كېيىنرەك، بۇ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە رەسەن دېگەن تۆت شەھەر بىرلىشىپ بىر چوڭ كاتتا شەھەر، يەنى «نىنەۋە شەھەر»ى بولدى. \fp بەزى ئالىملار «كاتتا شەھەر» پەقەت كالاھ بىلەن رەسەندىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ بىزنىڭچە «كاتتا شەھەر» نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە رەسەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 13 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، \v 14 پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. \m \v 15 قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. \v 16 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، \v 17 ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، \v 18 ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. \v 19 قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى. \m \v 20 يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. \m \v 21 شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. \m \v 22 شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛\x + \xo 10:22 \xt يار. 11‏:10؛ 1تار. 1‏:17. \x* \v 23 ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى. \f □ \fr 10:23 \ft \+bd «ماش»\+bd* ــ ياكى «مەشەك».\f* \m \v 24 ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى.\f □ \fr 10:24 \ft \+bd «ئېبەر»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «(دەريادىن) ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» دېگەن سۆز بەلكىم بۇ سۆزدىن چىققان.\f*  \x + \xo 10:24 \xt 1تار. 1‏:18. \x* \v 25 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.\f □ \fr 10:25 \ft \+bd «پەلەگ»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ تەلەپپۇزى «بۆلۈنۈش»كە يېقىندۇر. «ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى» ــ بۇ سۆز ھەقتە ئۈچ خىل ئىمكانىيەت بار: (1) بۇ سۆزلەر بابىل مۇنارى ۋەقەسىدە (11-باب)، خۇدانىڭ تىلنى بۆلۈشى بىلەن ئەللەرنىمۇ بۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن»لىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەر-زېمىننىڭ ئۆزىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 9:1 بويىچە يەر-زېمىن ئەسلىدە بىرلا قۇرۇقلۇق ئىدى، چوقۇم كېيىنچە مەلۇم ۋاقىتتا ھازىرقى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئانتاركتىكا قىتئەلىرىگە بۆلۈنگەن)؛ (3) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ تەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 26 يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، \v 27 ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، \v 28 ئوبال، ئابىمائەل، شېبا، \v 29 ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. \v 30 ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى. \m \v 31 يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. \m \v 32 يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان.\x + \xo 10:32 \xt روس. 17‏:26\x*  \fig ئەللەرنىڭ يەر يۈزىدە تارقاقلاشتۇرۇلۇشى|src="tablenations-uara-01.jpg" size="span" ref="«يار.» 10" \fig* \b \b \m \c 11 \s1 «بابىل مۇنارى ۋەقەسى» ــ خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ تىلىنى پارچىلىۋېتىشى \m \v 1 ئۇ زاماندا پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ھەم سۆز بىرخىل ئىدى.\f □ \fr 11:1 \ft \+bd «پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ... بىرخىل ئىدى»\+bd* ــ بۇ تىل قايسى تىل بولۇشى كېرەك؟ بىز ئۇنى ئىبرانىي تىلى، دەپ قارايمىز. سەۋەبى: (1) «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»دا ئۇچرايدىغان، «بابىل مۇنارى» ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى بارلىق نام-ئىسىملار ئىبرانىي تىلىدىكى نام-ئىسىملار ئىدى؛ (2) «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 1-11 بابلاردىكى كۆپ ئايەتلەردە «سۆز ئويۇنى» ئىشلىتىلگەنلىكى بىزگە مەلۇم (مەسىلەن، 32:2، 9:11 ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ئەگەر شۇ زاماندىكى تىل ئىبرانىي تىلى بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»دا شۇنداق «سۆز ئويۇنى»نىڭ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولمايتتى.\f* \v 2 لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.\x + \xo 11:2 \xt يار. 10‏:10. \x* \v 3 ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى. \v 4 ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 11:4 \ft \+bd « ئۈچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەقسىتى بىر خىل مەغرۇرلۇقنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇنار ئارقىلىق ئاسماندىكى روھلار (جىن-شەيتانلار) بىلەن ئالاقە قىلىش («ئەف.» 2:2)، پالچىلىق قىلىش مەقسىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئۇ مۇنار خۇدانىڭ يولىغا قارىمۇقارشى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆزلىرىنى تارىلىپ كېتىشتىن ساقلاش تەدبىرى خۇدانىڭ ئادەملەرگە: «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، \+bd يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار\+bd*» (9:1) دېگەن ئەمرىگە خىلاپ ئىدى.\f*  \x + \xo 11:4 \xt قان. 1‏:28\x* \m \v 5 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرى بىنا قىلىۋاتقان شەھەر بىلەن مۇنارنى كۆرگىلى چۈشتى. \v 6 پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. \v 7 شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى \add باشقا-باشقا قىلىپ\add* قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى. \m \v 8 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى.\x + \xo 11:8 \xt قان. 32‏:8؛ روس. 17‏:26\x* \v 9 شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى «بابىل» دەپ ئاتالدى؛ چۈنكى ئۇ يەردە پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى.\f □ \fr 11:9 \ft \+bd «بابىل»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ «خۇدانىڭ دەرۋازىسى» ۋە «قالايمىقانچىلىق»؛ شۈبھىسىزكى، شەھەرنى قۇرغۇچىلار «مۇشۇ شەھەر بىلەن ئاسمانلارغا يېتىمىز» دېگەن مەقسەتتە شەھەرگە «خۇدانىڭ دەرۋازىسى» دېگەن مەنىلىك نامنى قويغان؛ لېكىن كېيىن «بابىل» دېگەن سۆزنىڭ «قالايمىقانچىلىق» دېگەن ئىككىنچى مەنىسى شۇ شەھەرگە دەل مۇناسىپ كەلدى. \+bd «پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى»\+bd* ــ بۇ ۋەقە 10-بابتىكى يەتمىش ئەل-قوۋمنىڭ قايسى يول بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەكتلەنلىكىنى، شۇنداقلا نىمرودنىڭ بابىل شەھىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى باركى، بابىلدىكىلەر كېيىنكى دەۋرلەردە چوقۇنغان ئىلاھ «ماردۇك» ياكى «مەروداك» ئەسلىدە نىمرودنىڭ ئۆزى ئىدى.\f* \b \m \s1 شەمنىڭ نەسەبنامىسى \r 1تار. 1‏:1-27 \m \v 10 تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى.\f □ \fr 11:10 \ft \+bd «تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ »\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ بەشىنچى «تولىدوتى» («تارىخى»)، يەنى «شەمنىڭ تولىدوتى» («شەمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:11-26:11) باشلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 11:10 \xt يار. 10‏:22-31؛ 1تار. 1‏:17. \x* \v 11 ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 12 ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى. \v 13 شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 14 شېلاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى. \v 15 ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن شېلاھ تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 16 ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى. \v 17 پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېبەر تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 18 پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن رەئۇ تۆرەلدى.\x + \xo 11:18 \xt 1تار. 1‏:25 \x* \v 19 رەئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن پەلەگ ئىككى يۈز توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 20 رەئۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن سېرۇگ تۆرەلدى. \v 21 سېرۇگ تۇغۇلغاندىن كېيىن رەئۇ ئىككى يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 22 سېرۇگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى. \v 23 ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن سېرۇگ ئىككى يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 24 ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى. \v 25 تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھور بىر يۈز ئون توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. \m \v 26 تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى. \b \m \s1 تەراھنىڭ نەسەبنامىسى \m \v 27 تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.\f □ \fr 11:27 \ft \+bd «تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ »\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئالتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «تەراھنىڭ تولىدوتى» («تەراھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (27:11-11:25) باشلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 11:27 \xt يە. 24‏:2؛ 1تار. 1‏:26. \x* \v 28 لېكىن ھاران تۇغۇلغان يۇرتى بولغان، كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھنىڭ ئالدىدا، تەراھتىن ئىلگىرى ئۆلدى.\f □ \fr 11:28 \ft \+bd «كالدىيلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كاسدىيلار».\f* \v 29 ئابرام بىلەن ناھور ئىككىسى ئۆيلەندى. ئابرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ساراي، ناھورنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىلكاھ ئىدى؛ مىلكاھ ھاراننىڭ قىزى ئىدى؛ ھاران بولسا مىلكاھ ۋە ئىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.\x + \xo 11:29 \xt يار. 22‏:20. \x* \v 30 لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى.\x + \xo 11:30 \xt يار. 16‏:1، 2؛ 18‏:11، 12. \x* \m \v 31 تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.\f □ \fr 11:31 \ft \+bd «قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى»\+bd* ــ خەرىتە بېتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:31 \xt يە. 24‏:2؛ نەھ. 9‏:7؛ روس. 7‏:4. \x* \v 32 تەراھنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئىككى يۈز بەش يىل بولۇپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. \f □ \fr 11:32 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ سەپىرى»\+bd* ــ مۇناسىۋەتلىك خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 12 \s1 خۇدانىڭ ئىبراھىم، يەنى ئابرامنى تاللىشى ــ ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى \m \v 1 پەرۋەردىگار \add ئەسلىدە\add* ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ \m سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن.\x + \xo 12:1 \xt روس. 7‏:3؛ ئىبر. 11‏:8. \x* \v 2 شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن؛ \v 3 كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى.\f □ \fr 12:3 \ft \+bd «سېنى خورلىسا»\+bd* ــ ياكى «سېنى تۆۋەن كۆرسە»، «سېنى پەس قىلسا». \+bd «سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ!»\+bd* ــ خۇدانىڭ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھدىسى ۋە شەرتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 12:3 \xt يار. 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ روس. 3‏:25؛ گال. 3‏:8. \x*  \fig ئىبراھىمنىڭ سەپىرى|src="abrahamsjourney-uara-01.jpg" size="span" ref="«يار.» باب-12" \fig* \m \v 4 ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە \add ھاراندىن\add* ئايرىلدى؛ لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى. \m \v 5 ئابرام ئايالى ساراي بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوغلى لۇتنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يىغقان بارلىق مال-مۈلۈكىنى قوشۇپ، ھاراندا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئادەملەرنى بىللە قېتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانائان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى.\x + \xo 12:5 \xt روس. 7‏:4. \x* \v 6 ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى).\x + \xo 12:6 \xt يار. 10‏:18،19؛ 13‏:7. \x* \m \v 7 پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى.\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «ئۇ ... پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى»\+bd* ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، ئابرام بىرنەچچە قۇربانگاھ سالىدۇ، لېكىن سۇنغان قۇربانلىقلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق خاتىرە يوقتۇر. بەلكىم ئۇ كۆڭلىدە: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەن تۇرسا، ئۇنىڭغا ئىبادەت يولىدا مەلۇم بىر قۇربانلىق سۇنۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن نېمىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي، ياسىغان قۇربانگاھلار قۇربانلىقسىز قۇرۇق تۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 12:7 \xt يار. 13‏:15؛ 15‏:18؛ 17‏:8؛ 24‏:7؛ 26‏:4؛ قان. 34‏:4. \x* \v 8 ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت-ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت-ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.\f □ \fr 12:8 \ft \+bd «نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى»\+bd* ــ ياكى «نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىپ». 26:4نى كۆرۈڭ.\f* \v 9 ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى. \b \m \s1 ئابرامنىڭ مىسىرغا چۈشۈشى \m \v 10 زېمىندا ئاچارچىلىق بولغانىدى؛ ئابرام مىسىرغا چۈشتى؛ ئۇ شۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولغانىدى، چۈنكى زېمىندا ئاچارچىلىق بەك ئېغىر ئىدى.\f □ \fr 12:10 \ft \+bd «چۈشتى»\+bd* ــ ئىبرانىيلارغا نىسبەتەن ئۇلار خۇدانىڭ «مۇقەددەس زېمىن»ى بولغان قانائان (پەلەستىن)دىن چىقىپ ھەرقايسى جايلارغا (ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېگىز بولسۇن، پەس بولسۇن) ماڭسا، «چۈشۈش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ھەرقايسى يەردىن پەلەستىنگە قاراپ ماڭسا، «چىقىش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئابرام مىسىرغا چۈشتى»\+bd* ــ ئابرام (ئىبراھىم)نىڭ مىسىرغا چۈشۈشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىز («ئىبراھىمنىڭ ھاياتىدىن ئالىدىغان ساۋاقلار ۋە ئىبرەتلەر»)دە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 11 ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا: ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن-جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن. \v 12 شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، «بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن» دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ. \v 13 شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ: «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 12:13 \xt يار. 20‏:12؛ 26‏:7. \x* \m \v 14 ئابرام مىسىرغا كىرگەندە شۇنداق بولدىكى، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئايالنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى. \v 15 پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، پىرەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايال پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىلدى.\f □ \fr 12:15 \ft \+bd «پىرەۋن»\+bd* ــ مىسىرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى ئىدى.\f* \v 16 پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل-دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى. \v 17 ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى.\x + \xo 12:17 \xt زەب. 105‏:14-15\x* \v 18 شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟ \v 19 نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى. \m \v 20 پىرەۋن ئۆز ئادەملىرىگە ئابرام توغرىسىدا ئەمر قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى، ئايالىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنى قوشۇپ يولغا سېلىۋەتتى. \b \b \m \c 13 \s1 ئابرام بىلەن لۇتنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى. \v 2 ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال-ۋاران ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى. \m \v 3 ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا،\x + \xo 13:3 \xt يار. 12‏:8. \x* \v 4 قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.\x + \xo 13:4 \xt يار. 4‏:26؛ 12‏:8. \x* \v 5 ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي-كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى. \m \v 6 ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛\x + \xo 13:6 \xt يار. 36‏:7. \x* \v 7 بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى).\f □ \fr 13:7 \ft \+bd «ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى»\+bd* ــ «قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەر»نىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم (1) ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدە ئىچكى جېدەل بولسا، ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەر ئالدىدا ئىبراھىمنىڭ خۇدا توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا داغ چۈشەتتى؛ (2) ئىچكى جېدەل ئائىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.\f*  \x + \xo 13:7 \xt يار. 12‏:6. \x* \v 8 شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن. \v 9 مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى.\x + \xo 13:9 \xt يار. 20‏:15؛ 34‏:10. \x* \m \v 10 ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى.\f □ \fr 13:10 \ft \+bd «بارلىق تۈزلەڭلىك.... سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى»\+bd* ــ بۇ يەرلەر ھازىر «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىكى قۇپقۇرۇق قاغجىراق جايلاردۇر. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ بېغى»\+bd* ــ دېمەك، ئېرەم بېغى. \+bd «مىسىر زېمىنىدەك»\+bd* ــ مىسىر زېمىنى، بولۇپمۇ نىل دەرياسى ئەتراپى تولىمۇ مۇنبەت، سۈيى مول زېمىندۇر.\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى. \v 12 ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا-بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى. \v 13 سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.\x + \xo 13:13 \xt يار. 18‏:20؛ ئ‍ەز. 16‏:49. \x* \b \m \s1 ئابرامنىڭ ھېبرونغا كۆچۈشى \m \v 14 لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛ \v 15 چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن.\f □ \fr 13:15 \ft \+bd «سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ... بېرىمەن»\+bd* ــ ئۇ كۆرۈۋاتقان زېمىن لۇت تاللىۋالغان ئىئوردان ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. \fp بۇ خۇدانىڭ بىرىنچى قېتىم زېمىننى ئىبراھىمنىڭ نەسلىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىبراھىمغىمۇ بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلىشى ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئىبراھىم ئۆمرىدە پەلەستىن زېمىنىدىن پەقەت بىر پارچە يەرلىكلا سېتىۋالغان (23-باب)؛ شۇڭا خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسى ئىبراھىمنىڭ تىرىلغاندا، زېمىنغا مىراسخور بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر بېشارەت بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 13:15 \xt يار. 12‏:7؛ 15‏:7،18؛ 17‏:8؛ 26‏:4؛ قان. 34‏:4؛ روس. 7‏:5. \x* \v 16 سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ.\x + \xo 13:16 \xt يار. 15‏:5؛ 17‏:4؛ قان. 10‏:22؛ يەر. 33‏:22؛ رىم. 4‏:17،18؛ ئىبر. 11‏:12. \x* \v 17 ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. \m \v 18 شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى.\x + \xo 13:18 \xt يار. 14‏:13. \x* \b \b \m \c 14 \s1 ئابرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى \m \v 1 شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى، \v 2 ئۇلار بىرلىشىپ سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادماھنىڭ پادىشاھى شىناب، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بېلا (يەنى زوئار)نىڭ پادىشاھىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. \v 3 بۇ \add بەشىنىڭ\add* ھەممىسى كېلىشىپ سىددىم ۋادىسىغا، يەنى «شور دېڭىزى» ۋادىسىغا يىغىلدى.\f □ \fr 14:3 \ft \+bd «شور دېڭىزى»\+bd* ــ «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f* \v 4 ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلايومەرگە بېقىندى بولدى، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، كېدورلايومەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. \m \v 5 ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛\x + \xo 14:5 \xt يار. 15‏:20؛ قان. 2‏:10،11. \x* \v 6 ئاندىن ئۇلار ھورىيلارنى ئۇلارنىڭ سېئىر تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، چۆلنىڭ يېنىدىكى ئەل-پارانغىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. \v 7 ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى. \v 8 شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادماھنىڭ پادىشاھى، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلانىڭ (يەنى زوئارنىڭ) پادىشاھى چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا سەپ تىزدى؛ \v 9 مۇشۇ \add بەشەيلەن\add* ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق قاتارلىقلار بىلەن سوقۇشتى؛ يەنى تۆت پادىشاھ بىلەن بەش پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشتى. \v 10 سىددىم ۋادىسىدىكى ھەممىلا يەردە قارىماي \add ئورەكلىرى\add* بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىپ، ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى. \m \v 11 \add غالىب كەلگەن تۆت پادىشاھ بولسا\add* سودوم بىلەن گوموررانىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئېلىپ كەتتى. \v 12 ئۇلار يەنە ئابرامنىڭ جىيەنى لۇتنىمۇ ماللىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ سودومدا ئولتۇراقلاشقانىدى. \m \v 13 ھالبۇكى، قۇتۇلۇپ قالغان بىرسى بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئابرامغا ئېيتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئامورىي مامرەنىڭ دۇبزارلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە بولسا ئەشكول ۋە ئانەرنىڭ ئاكىسى ئىدى؛ بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى.\f □ \fr 14:13 \ft \+bd «ئىبرانىي»\+bd* ــ بۇ يەردە «ئىبرانىي» دېگەن سۆز بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. «ئىبرانىي» دېگەن سۆز تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل مەنىدە بولۇشى مۇمكىن : ــ (1) ئىبراھىم ئېبەر دېگەن كىشىنىڭ ئەۋلادى (10:21)؛ (2) «ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» دېگەننىڭ بەلكىم «ئابار» («ئۆتمەك») دېگەن پېئىل بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. ئىبراھىم قانائان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن «دەريادىن ئۆتكەن كىشى» ــ دېمەك، ئۇ «ئۇلۇغ دەريا» (ئەفرات دەرياسى)دىن ئۆتۈپ كەلگەن كىشى ئىدى. \+bd «بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى»\+bd* ــ سەل توغرىراق تەرجىمە قىلساق ««ئابرام بۇ ئۈچەيلەن بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى»\f*  \x + \xo 14:13 \xt يار. 13‏:18. \x* \v 14 ئابرام قېرىندىشىنىڭ ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغان، ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ئۈچ يۈز ئون سەككىز ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، \add تۆت پادىشاھنى\add* قوغلاپ دانغىچە باردى.\f □ \fr 14:14 \ft \+bd «ئابرام ... تۆت پادىشاھنى قوغلاپ دانغىچە باردى»\+bd* ــ تەخمىنەن 150-200 كىلومېترغىچە قوغلىغان.\f* \v 15 كېچىسى ئۇ ئادەملىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، \v 16 پۈتكۈل \add ئولجا ئالغان\add* مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۆز قېرىندىشى لۇتنى، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى، شۇنداقلا \add بارلىق قالغان\add* ئادەملەرنى ياندۇرۇپ كەلدى. \b \m \s1 مەلكىزەدەكنىڭ ئابرامغا بەخت تىلىشى \m \v 17 ئابرام كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى (يەنى خان ۋادىسى)غا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. \v 18 سالېمنىڭ پادىشاھى مەلكىزەدەكمۇ نان بىلەن شاراب ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئۇ زات بولسا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرىنىڭ كاھىنى ئىدى؛\f □ \fr 14:18 \ft \+bd «مەلكىزەدەك»\+bd* ــ بۇ زات توغرۇلۇق «زەبۇر» 110-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «ئىبرانىيلارغا»دىكى 5-7-بابلارنى ۋە شۇلارنىڭ ئىزاھاتلىرى، «قوشۇمچە سۆز»ىنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:18 \xt ئىبر. 7‏:1، 2، 3. \x* \v 19 ئۇ \add ئابرامنى\add* بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن!\f □ \fr 14:19 \ft \+bd «ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى»\+bd* ــ ياكى «ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى».\f* \v 20 شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. \m ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. \m \v 21 ئاندىن سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: ــ ئادەملەرنى ماڭا بەرگەيلا، غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئالغايلا، ــ دېدى. \m \v 22 لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى، \v 23 مەن سەندىن ھەتتا بىر تال يىپ نە بىر تال بوغقۇچىنىمۇ نە سېنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسەڭنى ئالمايمەن؛ بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئابرامنى باي قىلىپ قويدوم» دېيىشىڭ مۇمكىن. \m \v 24 شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن \add غەنىيمەتتىن\add* ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى.\f □ \fr 14:24 \ft \+bd «يىگىتلەر»\+bd* ــ ئىبراھىمنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ ھەمراھلىرى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرە بەلكىم پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولمىغاچقا، ئىبراھىم ئۆزىگە قويغان قاتتىق تەلەپنى (ھېچ غەنىيمەت ئالمايمەن دېگەندەك) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويمايدۇ.\f* \b \b \m \c 15 \s1 خۇدانىڭ ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 15:1 \ft \+bd «مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ساڭا زور ئىنئام بەرگۈچىدۇرمەن».\f*  \x + \xo 15:1 \xt زەب. 16‏:5؛ 18‏:2؛ 19‏:11\x* \v 2 لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى. \m \v 3 ئابرام يەنە: مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى. \m \v 4 شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 15:5 \xt مىس. 32‏:13؛ قان. 10‏:22؛ رىم. 4‏:18؛ ئىبر. 11‏:12. \x* \m \v 6 ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ \add ئىشەنچنى\add* ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى.\x + \xo 15:6 \xt رىم. 4‏:3،9،18،22؛ گال. 3‏:6؛ ياق. 2‏:23. \x* \v 7 يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى.\x + \xo 15:7 \xt زەب. 105‏:9-13\x* \m \v 8 لېكىن \add ئابرام\add*: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 9 \add پەرۋەردىگار\add* ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى. \m \v 10 شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى.\f □ \fr 15:10 \ft \+bd «چۈشەنمە»\+bd* ــ كونا زامانلاردا ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن ئەھدە تۈزمەكچى بولسا، ئاۋۋال كالا ياكى قوينى سويۇپ، ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلايتتى؛ ئاندىن ئىككى تەرەپ سويۇپ ئىككى پارچە قىلغان مالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەڭ ئۆتۈپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلاتتى. بۇ ئىشنىڭ مەنىسى، «قايسىمىز ئەھدىنى بۇزساق، خۇدا ئۇنى بۇ سويغان مالغا ئوخشاش قىلسۇن!» دېمەكلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئىبرانىي تىلىدا «ئەھدە تۈزۈش» ئادەتتە «ئەھدە كېسىش» دېيىلىدۇ. «يەر.» 8:34, 18-20-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f* \v 11 قاغا-قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى. \m \v 12 لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى. \v 13 ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ.\x + \xo 15:13 \xt مىس. 12‏:40؛ روس. 7‏:6؛ گال. 3‏:17. \x* \v 14 لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ.\x + \xo 15:14 \xt مىس. 3‏:22؛ 11‏:2؛ 12‏:35،36. \x* \v 15 ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن.\f □ \fr 15:15 \ft \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن»\+bd* ــ بۇ سۆز ئېيتىلغان ئوبيېكتقا قاراپ مەنىسىنى بېكىتىش مۇمكىن. ئاڭلىغۇچى ئېتىقادلىق كىشى بولسا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى ھەققانىيلارنىڭ روھلىرىنىڭ قېشىغا كېتىدۇ؛ ئېتىقادسىز بولسا، ئۇلارنىڭ روھى ئېتىقادسىزلار بىلەن بىللە بولىدۇ («لۇقا» 13:16-19 ۋە «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 15:15 \xt يار. 25‏:7، 8. \x* \v 16 لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، \add نەسلىڭ\add* بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى.\f □ \fr 15:16 \ft \+bd «ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكى»\+bd* ــ ئامورىيلار قانائان زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان قەبىلىلەر ئىچدە «يېتەكچى قەبىلە» ھېسابلىناتتى. «ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىغانىدى» ــ دېمەك، خۇدا ئۇلارغا توۋا قىلىش پۇرسىتى بەرسىمۇ، ئۇلار توۋا قىلماي، يەنىلا گۇناھقا پېتىپ، خۇدا بېكىتكەن چەككە يەتكەندە، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدۇ؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ يوقىتىدۇ. بۇ ئىشلار «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»، «قانۇن شەرھى» ۋە «يەشۇئا»دا تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ. «مىسىردىن چىقىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:16 \xt مىس. 12‏:40. \x* \m \v 17 شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى. \f □ \fr 15:17 \ft \+bd «چۈشەنمە»\+bd* ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا خۇدا ئىبراھىم بىلەن باغلىغان شۇ ئەھدە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 18‏-19 دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار،\x + \xo 15:18‏-19 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 24‏:7؛ 26‏:4؛ مىس. 32‏:13؛ قان. 1‏:8؛ 34‏:4. \x* \v 20 ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار، \v 21 ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى. \b \b \m \c 16 \s1 ئىسمائىلنىڭ تۇغۇلۇشى \m \v 1 ئەمما ئابرامنىڭ ئايالى ساراي ئۇنىڭغا ھېچ بالا تۇغۇپ بەرمىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى؛\f □ \fr 16:1 \ft \+bd «ھەجەر»\+bd* ــ بۇ ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا «ھاگار» دەپ ئېلىنىدۇ. بىراق بەزى ئوقۇرمەنلەر ئىسمائىلنىڭ ئاپىسىنى «ھەجەر» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.\f* \v 2 ساراي ئابرامغا: ــ مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغۇشتىن توستى. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىمنىڭ قېشىغا كىرگىن؛ بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن، ــ دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆردى.\f □ \fr 16:2 \ft \+bd «بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بەلكىم ئۇ ئارقىلىق قۇرۇلۇشۇم مۇمكىن». ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، ئايال خوجايىننىڭ دېدىكى ئايال خوجايىننىڭ ئېرىگە بالا تۇغۇپ بەرسە، بالىنى ئايال خوجايىننىڭ بالىسى ھېسابلاشقا بولاتتى.\f* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى). \v 4 ئابرام ھەجەرنىڭ قېشىغا كىردى ۋە ئۇ ھامىلىدار بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بىلگىنىدە، ئۇ ئايال خوجايىنىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالدى. \v 5 ساراي ئابرامغا قېيىداپ: ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. \m \v 6 ئابرام سارايغا: ــ مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى. \m \v 7 ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدىن تېپىپ، ئۇنىڭغا:\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»\+bd* ــ «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، يەنە 7-14-ئايەت، 18-بابنى كۆرۈڭ).\f* \v 8 ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى. \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ ئايال خوجايىنىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بول، ــ دېدى. \m \v 10 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: ــ سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 11 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: مانا، سەن ھامىلىدارسەن؛ سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ جەبىر-جاپايىڭنى ئاڭلىدى.\f □ \fr 16:11 \ft \+bd «ئىشمائىل»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مەنىسى «خۇدا ئاڭلىدى».\f* \v 12 ئۇ ياۋا ئېشەك كەبى بىر ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قولى ھەر ئادەمگە قارشى ئۇزىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزىتىلىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ، دېدى.\f □ \fr 16:12 \ft \+bd «ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «قېرىنداشلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرىدۇ». مەيلى قايسى تەرجىمىسى توغرا بولسۇن، بېشارەتنىڭ ئاساسىي مەنىسى شۇكى، ئىسمائىل (ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى) باشقىلار بىلەن، ھەتتا ئۆز ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ئارىلاشماي ئايرىم تۇرىدۇ ياكى ئۇلارغا ئۆچمەنلىكتە ياشايدۇ.\f*  \x + \xo 16:12 \xt يار. 25‏:18. \x* \m \v 13 ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم» دەپ، ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى: «سەن مېنى كۆرگۈچى تەڭرىدۇرسەن» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 16:13 \ft \+bd «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى پەقەت: «مېنى كۆرگۈچىنى كۆردۈم». يەنە باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنى كۆرگۈچىنى كۆرۈپمۇ، يەنە تىرىك قالدىم!».\f* \v 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇدۇق: «بەئەر-لاھاي-روي» دەپ ئاتالدى. ئۇ قادەش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدىدۇر.\f □ \fr 16:14 \ft \+bd «بەئەر-لاھاي-روي»\+bd* ــ مەنىسى «مېنى كۆرگۈچىنىڭ قۇدۇقى».\f*  \x + \xo 16:14 \xt يار. 24‏:62؛ 25‏:11. \x* \m \v 15 ھەجەر ئابرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئابرام ھەجەر ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى.\x + \xo 16:15 \xt گال. 4‏:22. \x* \v 16 ھەجەر ئابرامغا ئىسمائىلنى تۇغۇپ بەرگەندە ئابرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى. \b \b \m \c 17 \s1 خۇدانىڭ ئۆز ئەھدىسىنى بېكىتىشى؛ ئەھدە بەلگىسى ــ خەتنە \m \v 1 ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.\f □ \fr 17:1 \ft \+bd «قادىر تەڭرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەل-شادداي». «شادداي» دېگەن سۆز بەلكىم «مۈرە» دېگەن مەنىدىكى سۆزدىن چىققان ــ شۇنىڭ بىلەن «شادداي» «مەن يۆلەنگەن مۈرەم» دېگەندەك يېقىملىق مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ»\+bd* ــ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ تەييارلىغان بىر يولى بار، ئۇلار ئۇنىڭدا مېڭىشى كېرەك. دېمەك، ئېتىقادچىلار «خۇدا مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ۋىجدانىم بويىچە مېڭىشىم كېرەك» دېگەن ئۇقۇمدا ياشايدۇ.\f*  \x + \xo 17:1 \xt يار. 5‏:22. \x* \v 2 مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 17:2 \xt يار. 12‏:2؛ 13‏:16؛ 15‏:5، 18؛ مىس. 2‏:24؛ 6‏:4؛ لاۋ. 26‏:42. \x* \m \v 3 ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 4 ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن.\f □ \fr 17:4 \ft \+bd «مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر»\+bd* ــ ياكى «مانا، مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم شۇدۇر: -».\f*  \x + \xo 17:4 \xt رىم. 4‏:17. \x* \v 5 شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم.\f □ \fr 17:5 \ft \+bd «ئىبراھىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاۋراھام». بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئاتىسى» ياكى «كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى».\f* \v 6 مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.\x + \xo 17:6 \xt مات. 1‏:6. \x* \v 7 مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛\x + \xo 17:7 \xt يار. 13‏:15. \x* \v 8 مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 17:8 \xt يار. 15‏:18؛ قان. 1‏:8. \x* \m \v 9 ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك. \v 10 مەن سەن بىلەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭ بىلەن تۈزگەن، سىلەرنىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن.\f □ \fr 17:10 \ft \+bd «مەن سەن بىلەن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سىلەر بىلەن». بۇ «سىلەر» ئىبراھىم ۋە بارلىق ئۆيىدىكى ئادەملەرنى كۆرسىتىشى كېرەك.\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن سىلەر خەتنىلىكىڭلارنى كېسىۋېتىشىڭلار كېرەك؛ بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.\x + \xo 17:11 \xt روس. 7‏:8؛ رىم. 4‏:11. \x* \v 12 بارلىق ئەۋلادلىرىڭلار، نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيدە تۇغۇلغانلار بولسۇن، ياكى ئەۋلادىڭلاردىن بولماي ياتلاردىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممە ئەركەك سەككىز كۈنلۈك بولغاندا خەتنە قىلىنسۇن.\x + \xo 17:12 \xt لاۋ. 12‏:3؛ لۇقا 2‏:21. \x* \v 13 ئۆيۈڭدە تۇغۇلغانلار بىلەن پۇلۇڭغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مېنىڭ ئەھدەم تەنلىرىڭلاردا ئورناپ، ئەبەدىي بىر ئەھدە بولىدۇ. \v 14 لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. \m \v 15 خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن.\f □ \fr 17:15 \ft \+bd «ساراي»\+bd* ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «مېنىڭ مەلىكەم». لېكىن «ساراھ» بولسا پەقەت «مەلىكە» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم شۇكى، شۇ چاغدىن باشلاپ ساراھ پەقەت ئىبراھىم ئۆزىگىلا «مەلىكە» بولۇپلا قالماي، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن «مەلىكە» دەپ ھېسابلىنىدۇ («ئىبر.» 11:11نى كۆرۈڭ).\f* \v 16 مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 17:16 \ft \+bd «... ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ»\+bd* ــ ساراھدىن بولغان شۇ ئەل-مىللەتلەر «يەھۇدا»، «ئىسرائىل» (ئون قەبىلە) ۋە «ئېدوم» بولىدۇ. ئون قەبىلە سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ھازىرقى بىرنەچچە مىللەت شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 ئىبراھىم \add يەنە\add* ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى.\f □ \fr 17:17 \ft \+bd «ئىبراھىم ... دۈم يېتىپ كۈلۈپ... دېدى»\+bd* ــ ئىبراھىمنىڭ كۈلگەنلىكى بەلكىم يېرىم ئىشەنچ، يېرىم ئىشەنچسىزلىكتىن، يېرىم گۇماندىن، يېرىم خۇشاللىقتىن بولسا كېرەك. لېكىن «رىم.» 17:4-21دە دېيىلگەنلەر بويىچە، ئىبراھىم تېزلا تولۇق ئىشەنچكە كەلدى. ئۇنىڭ بولغۇسى ئوغلى «ئىسھاق»نىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى «كۈلكە»دۇر.\f* \m \v 18 ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى.\f □ \fr 17:18 \ft \+bd «ئىسمائىل سېنىڭ ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى!»\+bd* ــ مەنىسى، بەلكىم، «ئىسمائىل سەن خۇدانىڭ بەخت-بەرىكىتىگە ئېرىشسۇن!» دېگەندەكتۇر. خېلى روشەنكى، ئىبراھىم مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىسمائىلنى خۇدا ۋەدە قىلغان ئوغلۇم، دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى.\f* \m \v 19 خۇدا ئۇنىڭغا: ــ ياق، ئايالىڭ ساراھ جەزمەن ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا «ئىسھاق» دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن؛ بۇ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلى بىلەن باغلىغان ئەبەدىي بىر ئەھدە سۈپىتىدە بولىدۇ.\f □ \fr 17:19 \ft \+bd «ئىسھاق»\+bd* ــ مەنىسى «كۈلكە».\f*  \x + \xo 17:19 \xt يار. 18‏:10؛ 21‏:2. \x* \v 20 ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.\f □ \fr 17:20 \ft \+bd «ئۇلۇغ بىر خەلق»\+bd* ــ بۇ ئەرەبلەردۇر.\f*  \x + \xo 17:20 \xt يار. 16‏:10؛ 25‏:12،16. \x* \v 21 بىراق ئەھدەمنى بولسا مەن كېلەر يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساراھ ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل ــ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 17:21 \xt يار. 21‏:2. \x* \m \v 22 خۇدا ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنىلا ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ۋە پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى ئېلىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ خەتنە قىلدى. \m \v 24 ئىبراھىمنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشقا كىرگەنىدى. \v 25 ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. \v 26‏-27 ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل دەل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەتنە قىلىندى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەر، مەيلى ئۆيىدە تۇغۇلغان بولسۇن ياكى ياتتىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتنە قىلىندى. \b \b \m \c 18 \s1 ئەرشتىن چۈشكەن ئۈچ مېھمان \m \v 1 پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. \v 2 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ:\x + \xo 18:2 \xt ئىبر. 13‏:2. \x* \v 3 ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛\f □ \fr 18:3 \ft \+bd «رەببىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادوناي». بۇ سۆزىگە قارىغاندا ئىبراھىم بۇ مېھماننىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى.\f* \v 4 ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار. \v 5 سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى، \v 6 ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى.\f □ \fr 18:6 \ft \+bd «ئۈچ داس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈچ سېئاھ». ئۈچ سېئاھ، بەلكىم 22 لىتر ئۇن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 7 ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى. \m \v 8‏-9 ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى. \m \v 10 بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى.\f □ \fr 18:10 \ft \+bd «بىرسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».\f*  \x + \xo 18:10 \xt يار. 17‏:21،19؛ 21‏:2. \x* \m \v 11 ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى.\x + \xo 18:11 \xt يار. 17‏:17؛ رىم. 4‏:19؛ ئىبر. 11‏:11. \x* \v 12 شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى.\x + \xo 18:12 \xt ھاك. 19‏:26؛ 1پېت. 3‏:6. \x* \m \v 13 پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ \v 14 پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 18:14 \xt مات. 19‏:26؛ لۇقا 1‏:37. \x* \m \v 15 ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى. \b \m \s1 ئىبراھىمنىڭ خۇدادىن جىيەنى لۇت ئۈچۈن ئۆتۈنۇشى \m \v 16 ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. \m \v 17 پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟\x + \xo 18:17 \xt ئام. 3‏:7. \x* \v 18 چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟\x + \xo 18:18 \xt يار. 12‏:3؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ روس. 3‏:25؛ گال. 3‏:8. \x* \v 19 چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 18:19 \ft \+bd «چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مەن... ئۇ ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى ئۆگەتسۇن دەپ ئۇنى بىلىپ تاللىۋالدىم». لېكىن بۇنداق تەرجىمە ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ.\f* \m \v 20 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن،\f □ \fr 18:20 \ft \+bd «سودوم بىلەن گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد»\+bd* ــ بۇ پەرياد شۈبھىسىزكى، سودوم بىلەن گوموررا تەرىپىدىن خورلانغان ۋە زۇلۇم يېگەنلەردىن كۆتۈرۈلگەن بولسا كېرەك («ئەز.» 49:16نى كۆرۈڭ).\f* \v 21 مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك». \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى.\f □ \fr 18:22 \ft \+bd «بۇ كىشىلەر»\+bd* ــ كېيىنكى بايانلار بويىچە، پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن قالدى؛ قالغان ئىككى زات سودومغا ماڭىدۇ ۋە شۇ يەردە (19-باب) لۇتنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. شۇ ئىككى زات پەرىشتىلەر ئىدى (1:19).\f* \m \v 23 ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ \v 24 شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ \v 25 ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى.\x + \xo 18:25 \xt رىم. 3‏:6. \x* \m \v 26 پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى. \m \v 27 ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم. \v 28 مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. \m ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى. \m \v 29 ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، \add پەرۋەردىگار\add*: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. \m \v 30 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. \m ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى. \m \v 31 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى. \m پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. \m \v 32 ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. \m \v 33 پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. \b \b \m \c 19 \s1 سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ رەزىللىكى \m \v 1 ئىككى پەرىشتە كەچتە سودومغا يېتىپ كەلدى؛ شۇ چاغدا لۇت سودومنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ:\f □ \fr 19:1 \ft \+bd «دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى»\+bd* ــ كونا زامانلاردا پەقەت شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى دەرۋازىدا ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر ئىدى. شۇڭا لۇت سودوم شەھىرىدە «مۆتىۋەر» ھېسابلىناتتى.\f* \v 2 ــ مانا، ئەي خوجىلىرىم، كەمىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ قونۇپ قالغايسىلەر؛ ئاندىن ئەتە سەھەر قوپۇپ يولغا چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، دېۋىدى، بۇلار جاۋابەن: ــ ياق، بىز شەھەر مەيدانىدا كەچلەيمىز، ــ دېدى.\x + \xo 19:2 \xt يار. 18‏:4. \x* \m \v 3 ئەمما ئۇ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇۋىدى، ئاخىر ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۆيىگە كىردى. ئۇ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ، پېتىر توقاچلارنى پىشۇرۇپ بەردى، ئۇلار غىزالاندى.\x + \xo 19:3 \xt ئىبر. 13‏:2. \x* \m \v 4 ئۇلار تېخى ياتمىغانىدى، شەھەردىكىلەر، يەنى سودومنىڭ ئەركەكلىرى، ياش، قېرى ھەممىسى ھەرقايسى مەھەللىلەردىن كېلىپ ئۆينى قورشىۋالدى؛ \v 5 ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۈگۈن كەچتە سېنىڭكىگە كىرگەن ئادەملەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەر، بىز ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. \m \v 6 لۇت دەرۋازىنىڭ ئالدىغا، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، \v 7 ئۇلارغا: ــ ئەي بۇرادەرلىرىم، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار! \v 8 مانا، تېخى ھېچ ئەر بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار؛ ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەر ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىرگەنىكەن، سىلەر ئۇلارنى ھېچنېمە قىلماڭلار! ــ دېدى. \m \v 9 لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى.\x + \xo 19:9 \xt مىس. 2‏:14؛ روس. 7‏:27؛ 2پېت. 2‏:7، 8. \x* \m \v 10 ئەمما ئۇ ئىككى كىشى قوللىرىنى ئۇزىتىپ لۇتنى ئۆيگە ئۆز قېشىغا تارتىپ ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى \v 11 ۋە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرۋازىنى ئىزدەپ، ھالىدىن كەتتى. \b \m \s1 لۇتنىڭ سودومدىن قېچىشى \m \v 12 ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن! \v 13 چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، ــ دېدى. \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنى ئالىدىغان \add بولغۇسى\add* كۈيئوغۇللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئەمدى قوپۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى يوقىتىدۇ» ــ دېدى. ئەمما ئۇ \add بولغۇسى\add* كۈيئوغۇللىرىنىڭ نەزىرىگە چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈندى. \m \v 15 تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: ــ ئەمدى قوپۇپ ئايالىڭ بىلەن قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئالغىن؛ بولمىسا شەھەرنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ، ھالاك بولىسەن، ــ دېدى. \m \v 16 ئەمما ئۇ تېخىچە ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىككىيلەن لۇتنىڭ قولىنى، ئايالىنىڭ قولىنى ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئەچىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. \v 17 ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ ئىش بولدىكى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھالاك بولماسلىقىڭ ئۈچۈن كەينىڭگە قارىماي، تۈزلەڭلىكتىكى ھېچ يەردە توختىماي، تاغقا قاچقىن! ــ دېدى. \m \v 18 لېكىن لۇت ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولمىغاي، ئەي خوجام، ئۆتۈنۈپ قالاي!\f □ \fr 19:18 \ft \+bd «خوجام»\+bd* ــ ياكى «رەببىم».\f* \v 19 مانا، كەمىنەڭ كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپتى، جېنىمنى قۇتقۇزدۇڭ، ماڭا زور مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ؛ ئەمما مەن تاغقا قاچالمايمەن؛ ئۇنداق قىلسام، ماڭا بىرەر ئاپەت چۈشۈپ، ئۆلۈپ كېتەرمەنمىكىن. \v 20 قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك \add شەھەر\add* ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى. \m \v 21 پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەير، بۇ ئىشتىمۇ ساڭا ماقۇل بولاي، سەن ئېيتقان شۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي. \v 22 ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن؛ چۈنكى سەن شۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە ھېچ ئىش قىلالماسمەن، ــ دېدى. شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «زوئار» دەپ ئاتالغان.\f □ \fr 19:22 \ft \+bd «زوئار»\+bd* ــ مەنىسى «كىچىك». \fp لۇتنىڭ بۇ ئىلتىماسى تولىمۇ غەلىتە ئىدى: (1) زوئار ئەسلىدە «تۈزلەڭلىكتىكى بەش شەھەر»دىن بىرى بولۇپ (2:14)، سودوم بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىدى. شۇنداقلا سودومغا ئوخشاش گۇناھلارغا پېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا پەرىشتىلەر ئەسلىدە زوئارنى يوقاتماقچى بولغان (22-ئايەت)؛ (2) لۇت سودوم شەھىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە خەتەرلىكىنى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر شەھەرگە قاچماقچى بولدى؛ (3) گەرچە خۇدا ئاجايىب يول بىلەن ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكلىرىنى قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا «تاغقا قېچىش»تىن قورقتى، ئۇ بەلكى «بىرەر ئاپەت بېشىمغا چۈشۈشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇلار ئۇنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ئىدى. (4) بىزنىڭچە، ئۇنىڭ شۇنداق ئىلتىماس قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ««سېپىللىق شەھەر» ئىچىدە تۇرسام ئامان-ئېسەن بولىمەن» دەپ بىلدى. ئىبراھىم بولسا خۇدانىڭ باشپاناھلىقىغا ئىشىنىپ، سېپىلسىز چېدىرلاردا تۇرۇپ، تولىمۇ خاتىرجەم ياشىدى. (5) ئاخىر بېرىپ لۇت زوئاردا خاتىرجەم بولالماي يەنىلا تاغقا چىقىپ شۇ يەرنى ماكان قىلدى (30-ئايەت). بۇ ۋەقەلەر توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىمۇ ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى \m \v 23 لۇت زوئارغا يېتىپ بارغاندا كۈن نۇرى يەر يۈزىگە چېچىلغانىدى. \v 24 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەرشتىن، ئۆز يېنىدىن سودوم بىلەن گوموررانىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ۋە ئوت ياغدۇرۇپ،\x + \xo 19:24 \xt قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 20‏:16؛ 50‏:40؛ يىغ. 4‏:6؛ ئ‍ەز. 16‏:50؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ زەف. 2‏:9؛ لۇقا 17‏:29؛ 2پېت. 2‏:6؛ يەھ. 7. \x* \v 25 شۇ شەھەرلەرنى، پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى ھەمدە شەھەرلەردىكى بارلىق ئاھالىلەر ۋە يەردىن ئۈنگەنلەرنى قوشۇپ بەربات قىلدى. \m \v 26 لېكىن لۇتنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان ئايالى كەينىگە قارىۋىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى.\x + \xo 19:26 \xt لۇقا 17‏:32. \x* \m \v 27 ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم قوپۇپ ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جايغا چىقىپ، \v 28 سودوم بىلەن گوموررا تەرەپكە، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەممە يېرىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، يەر يۈزىدىن خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك تۈتۈن ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆردى. \v 29 ئەمما شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇت تۇرغان شەھەرلەرنى بەربات قىلغاندا ئۇنى بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى.\f □ \fr 19:29 \ft \+bd «ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ...».\f* \b \m \s1 لۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى \m \v 30 ئەمما لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورققاچقا، زوئاردىن كېتىپ، تاغقا چىقىپ، ئىككى قىزى بىلەن شۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇ ئىككى قىزى بىلەن بىر ئۆڭكۈردە تۇردى. \v 31 ئەمدى چوڭ قىز كىچىكىگە: ــ ئاتىمىز بولسا قېرىپ كەتتى؛ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە بۇ يۇرتتا بىزگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ھېچ ئەر كىشى قالمىدى. \v 32 قېنى، ئاتىمىزنى شاراب بىلەن مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتايلى؛ شۇنداق قىلساق، بىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇقىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. \m \v 33 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ \add مەست قىلىپ\add* قويۇپ، چوڭ قىزى كىرىپ ئاتىسى بىلەن ياتتى. لېكىن لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. \m \v 34 ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، چوڭى كىچىكىگە: ــ مانا، مەن ئاخشام ئاتام بىلەن ياتتىم؛ بۈگۈن كەچتىمۇ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ئىچكۈزەيلى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتقىن؛ شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ نەسلىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. \m \v 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ \add مەست قىلىپ\add* قويۇپ، كىچىك قىزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئەمما لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. \m \v 36 شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ ئىككىلا قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. \v 37 چوڭى بولسا ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى موئاب قويدى؛ ئۇ بۈگۈنكى موئابىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر.\f □ \fr 19:37 \ft \+bd «موئاب»\+bd* ــ «ئاتىنىڭ سۈيى» ياكى «ئاتىدىن بولغان».\f* \m \v 38 كىچىكىمۇ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى بەن-ئاممى قويدى. ئۇ بۈگۈنكى ئاممونىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر.\f □ \fr 19:38 \ft \+bd «بەن-ئاممى»\+bd* ــ مەنىسى: «خەلقىمنىڭ ئوغلى».\f* \b \b \m \c 20 \s1 ئىبراھىم بىلەن ئابىمەلەك \m \v 1 ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى. \v 2 شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى \add ئۆزىگە\add* خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى.\x + \xo 20:2 \xt يار. 12‏:13؛ 26‏:7. \x* \m \v 3 لېكىن \add بىر كۈنى\add* كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەككە كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى. \m \v 4 ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟\f □ \fr 20:4 \ft \+bd «ھەققانىي خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟»\+bd* ــ ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارغا بىر خىل ۋابا چۈشكەنىدى (18-ئايەت). شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقى ئۈچۈن رەھىم تىلىمەكچى. ئابىمەلەكنىڭ كۆپ جەھەتلەردە خېلى ياخشى تەرەپلىرى بار.\f* \v 5 ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى.\f □ \fr 20:5 \ft \+bd «ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قولۇمنىڭ پاكلىكى بىلەن...».\f* \m \v 6 خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم. \v 7 ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. \m \v 8 ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى. \v 9 ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى. \m \v 10 ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 20:10 \ft \+bd «سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟»\+bd* ــ ئابىمەلەك بۇ ئىككىنچى سوئالنى بەلكىم ھەقىقىي كەمتەرلىك بىلەن سورىغان بولسا كېرەك. ئۇ شۈبھىسىزكى خۇدادىن قورققچقا، خۇدانىڭ ئىبراھىم توغرۇلۇق «ئۇ پەيغەمبەر» دېگەن سۆزىنى ئېسىدىن چىقارمىدى.\f* \m \v 11 ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم. \v 12 ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى.\f □ \fr 20:12 \ft \+bd «لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «لېكىن ئۇ ئانامنىڭ قىزى ئەمەس، بەلكى ئاتامنىڭ قىزى ئىدى».\f* \v 13 لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا: ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا: «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى.\x + \xo 20:13 \xt يار. 12‏:13. \x* \m \v 14 ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى. \m \v 15 ئابىمەلەك: ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى. \m \v 16 ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن».\f □ \fr 20:16 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن»\+bd* ــ بىز شۇ زاماندىكى ئۆرپ-ئادەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولمىغاچقا، ئابىمەلەكنىڭ بۇ سوۋغىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھازىر چۈشىنىشىمىز تەسرەك بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.\f* \v 17‏-18 ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى، خۇدا ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى؛ ئاندىن ئۇلار \add يەنە\add* بالا تۇغالايدىغان بولدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى ساراھ تۈپەيلىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە خوتۇنلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئېتىپ قويغانىدى. \b \b \m \c 21 \s1 ئىسھاقنىڭ دۇنياغا كېلىشى \m \v 1 ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى.\f □ \fr 21:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ... ساراھنى يوقلىدى»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىلدا، خۇدا مەلۇم كىشىنى ياكى مەلۇك خەلقنى «يوقلاپ» ئۇنىڭغا ياكى ئۇلارغا يېقىنلاشسا، ياكى ئالاھىدە بەخت-بەرىكەت، شاپائەت كۆرسىتىدۇ، ياكى قاتتىق جازالايدۇ. مۇشۇ يەردە بەخت-بەرىكەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. \fp بۇ ئىشتا قىزىق بىر يېرى شۇكى، ئىبراھىم باشقىلار ئۈچۈن «ئۇلار بالىلىق بولسۇن» (17:20-18) دەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ پەرزەنت كۆرىدۇ.\f*  \x + \xo 21:1 \xt يار. 17‏:19؛ 18‏:10. \x* \v 2 ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.\x + \xo 21:2 \xt يار. 18‏:14،10؛ گال. 4‏:23؛ ئىبر. 11‏:11. \x* \v 3 ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى.\f □ \fr 21:3 \ft \+bd «ئىسھاق»\+bd* ــ «كۈلكە».\f* \v 4 ئاندىن ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى.\x + \xo 21:4 \xt يار. 17‏:10. \x* \v 5 ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى. \v 6 ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى. \m \v 7 ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى. \b \m \s1 ھەجەر بىلەن ئىسمائىلنىڭ قوغلىنىشى \m \v 8 بالا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى. \v 9 ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇلنىڭ \add ئىسھاقنى\add* مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى.\x + \xo 21:10 \xt گال. 4‏:30. \x* \m \v 11 \add ساراھنىڭ\add* بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى \add ئىسمائىلمۇ\add* ئۇنىڭ ئوغلى-دە!\f □ \fr 21:11 \ft \+bd «ئېغىر»\+bd* ــ ياكى «يامان».\f* \v 12 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: ــ بالاڭ ۋە دېدىكىڭ ۋەجىدىن بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن، بەلكى ساراھنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئىسھاقتىن بولغىنى سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ.\x + \xo 21:12 \xt رىم. 9‏:7؛ ئىبر. 11‏:18. \x* \v 13 لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى.\x + \xo 21:13 \xt يار. 16‏:10؛ 17‏:20. \x* \m \v 14 ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ ھەجەرگە بېرىپ، ئۆشنىسىگە يۈدكۈزۈپ، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر كېتىپ، بەئەر-شېبانىڭ چۆلىدە كېزىپ يۈردى.\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «بالا»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتتا ئىسمائىل 15-16 ياشقا كىرگەنىدى.\f* \v 15‏-16 ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى. \b \m \v 17 خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ \add يىغا\add* ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى. \v 18 ئەمدى قوپۇپ، قولۇڭ بىلەن بالىنى يۆلەپ تۇرغۇز؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر ئەل-مىللەت قىلىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 21:18 \xt يار. 16‏:10؛ 17‏:20. \x* \m \v 19 شۇئان خۇدا \add ھەجەرنىڭ\add* كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۇ بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچكۈزدى. \m \v 20 خۇدا ئۇ بالا بىلەن بىللە بولدى؛ ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. \v 21 ئۇ پاران چۆلىدە تۇردى؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىر زېمىنىدىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. \b \m \s1 ئىبراھىمنىڭ ئابىمەلەك پادىشاھ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى \m \v 22 ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر. \v 23 ئەمدى سەن دەل مۇشۇ يەردە ماڭا، ئوغلۇمغا ۋە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بەرگەيسەن؛ مەن ساڭا كۆرسىتىپ كەلگەن مېھرىبانلىقىمدەك، سەنمۇ ماڭا ۋە سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۇرتقا مېھرىبانلىق قىلغايسەن، ــ دېدى.\x + \xo 21:23 \xt يار. 14‏:23. \x* \m \v 24 ئىبراھىم: قەسەم قىلىپ بېرەي، دېدى. \m \v 25 ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەكنى ئەيىبلىدى. \v 26 ئابىمەلەك: ــ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى بىلمەيمەن؛ سەن بۇ ئىشنى ماڭىمۇ ئېيتماپسەن؛ مەن بۇ ئىشنى پەقەت بۈگۈنلا ئاڭلىشىم، ــ دېدى. \m \v 27 ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ ئابىمەلەككە تەقدىم قىلدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىككىلىسى ئەھدە قىلىشتى. \v 28 ئىبراھىم يەنە پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. \v 29 ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، \v 30 ئۇ: ــ مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭغا گۇۋاھلىق سۈپىتىدە بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 31 بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 21:31 \ft \+bd «بەئەر-شېبا»\+bd* ــ «قەسەم قۇدۇقى» دېگەن مەنىدە. ئىبرانىي تىلىدا «قەسەم» («شېبا» ياكى «شېبۇئا») ۋە «يەتتە» («شېبا») دېگەنلەرنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش بولغاچقا، يەنە «يەتتىنىڭ قۇدۇقى» دېگەن مەنىسىمۇ بار.\f* \v 32 شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى.\f □ \fr 21:32 \ft \+bd «فىكول»\+bd* ــ گەرار پادىشاھنىڭ سەردارىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى ئىدى (26:26).\f* \m \v 33 ئىبراھىم بەئەر-شېبادا بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ، ئۇ يەردە ئەبەدىي تەڭرى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى.\f □ \fr 21:33 \ft \+bd «بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ»\+bd* ــ يۇلغۇن تىكىش خۇراپىي ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قوشنا ئەل بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكى ئۈچۈن، «مۇشۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرماقچىمەن» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.\f*  \x + \xo 21:33 \xt يار. 4‏:26. \x* \v 34 ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى.\f □ \fr 21:34 \ft \+bd «ئۇزۇن ۋاقىت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نۇرغۇن كۈنلەر».\f* \b \b \m \c 22 \s1 خۇدانىڭ ئىبراھىمنى سىنىشى ــ ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىش \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 2 ئۇ: ــ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 22:2 \ft \+bd «مورىيا»\+bd* ــ «2تار.» 1:3نى كۆرۈڭ. خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن شۇ تاغ بەلكىم كېيىن سۇلايمان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى سالغان جاي، شۇنداقلا ئەيسا مەسىھ كرېستلەنگەن تاغ (شىمال تەرىپى) بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 22:2 \xt ئىبر. 11‏:17. \x* \m \v 3 ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. \v 4 ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى. \m \v 5 ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: ــ سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، ــ دېدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. \v 7 ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، \v 8 ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، ــ دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى. \m \v 9 ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى.\x + \xo 22:9 \xt ياق. 2‏:21. \x* \v 10 ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى. \m \v 11 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى. \m ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى.\f □ \fr 22:11 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»\+bd* ــ 7:16 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \fp «ئىبراھىم، ئىبراھىم» ــ خۇدانىڭ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىشى ــ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، ــ دېدى. \m \v 13 ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. \v 14 شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.\f □ \fr 22:14 \ft \+bd «ياھۋەھ-يىرەھ»\+bd* ــ «ياھۋەھ (پەرۋەردىگار) تەمىنلىگۈچىدۇر» دېگەن مەنىدە. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆز ئېتىقادچىلار ئارىسىدا بىر تەمسىل بولۇپ قالغانىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ \m \v 16 سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار،\x + \xo 22:16 \xt لۇقا 1‏:73؛ ئىبر. 6‏:13. \x* \v 17 ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.\f □ \fr 22:17 \ft \+bd «دەرۋازىلارغا ئىگە بولۇش»\+bd* ــ پۈتكۈل شەھەرنى قولغا ئالغانغا باراۋەر.\f*  \x + \xo 22:17 \xt يار. 24‏:60. \x* \v 18 سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 22:18 \ft \+bd «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار ... بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ»\+bd* ــ ياكى «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ».\f*  \x + \xo 22:18 \xt يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 26‏:4؛ روس. 3‏:25؛ گال. 3‏:8. \x* \m \v 19 ئاندىن ئىبراھىم يىگىتلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ باردى. ئۇلار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ بەئەر-شېباغا يول ئالدى. ئىبراھىم بەئەر-شېبادا تۇرۇپ قالدى. \b \m \s1 ناھورنىڭ ئەۋلادلىرى \m \v 20 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىبراھىمغا: «مانا مىلكاھمۇ ئىنىڭ ناھورغا بىرقانچە ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ»، دېگەن خەۋەر يەتتى. \v 21 ئۇلار بولسا تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئۇنىڭ ئىنىسى بۇز ۋە ئارامنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئەل، \v 22 ئاندىن كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل دېگەن ئوغۇللار ئىدى. \v 23 (بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى. \v 24 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېنىزىكى رەئۇماھمۇ تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ دېگەنلەرنى تۇغۇپ بەردى. \b \b \m \c 23 \s1 ئىبراھىمنىڭ ساراھنى دەپنە قىلىشى \m \v 1 ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. بۇ ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى ئىدى. \v 2 ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى. \v 3 ئىبراھىم ئۆز مەرھۇمەسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، ھىتتىيلارغا سۆز قىلىپ: \m \v 4 ــ مەن بولسام ئاراڭلاردا مۇساپىر مېھمان، خالاس؛ سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردىن ماڭا بىر يەرلىك بېرىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەرھۇمەمنى ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرمىسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلاي، ــ دېدى.\f □ \fr 23:4 \ft \+bd «بېرىڭلار»\+bd* ــ ئىبراھىمنىڭ «بېرىڭلار» دېگىنى بىلەن، بۇ «سېتىپ بېرىڭلار» دېگەننى بىلدۈرىدىغان سىلىق-سىپايە مەنىدىكى گەپتۇر (9-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 23:4 \xt روس. 7‏:5. \x* \m \v 5‏-6 ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ \m ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 7 ئىبراھىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ زېمىندىكى خەلققە، يەنى ھىتتىيلارغا تەزىم قىلىپ، \v 8 ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ، \v 9 ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدا ئۆزىنىڭكى بولغان ماكپېلاھنىڭ غارىنى ماڭا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ئۇ ماڭا بۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۆرىستان بولۇشقا تولۇق نەرخىدە بەرسۇن، ــ دېدى. \m \v 10 شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ \v 11 يوقسۇ، ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا. بۇ ئېتىزلىقنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى غارنى سىلىگە بېرەي؛ ئۇنى ئۆز خەلقىم بولغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سىلىگە بەردىم؛ ئۆز مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا، ــ دېدى. \m \v 12 ئاندىن ئىبراھىم يەنە زېمىن خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ، \v 13 شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى. \m \v 14 ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: \m \v 15 ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى.\f □ \fr 23:15 \ft \+bd «تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟»\+bd* ــ ئەمەلىيەتتە بۇ باھا ئىنتايىن يۇقىرى باھا ئىدى. ئىبراھىم ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئوبدان چۈشىنەتتى.\f* \m \v 16 ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى.\x + \xo 23:16 \xt يار. 50‏:13. \x* \v 17 شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى\x + \xo 23:17 \xt روس. 7‏:16. \x* \v 18 ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، \add يەنى ئەفروننىڭ\add* شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى. \v 19 شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. \v 20 شۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇنىڭدىكى غار ھىتتىيلار تەرىپىدىن ئىبراھىمغا گۆرىستان بولۇشقا تايىن قىلىندى. \b \b \m \c 24 \s1 ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىنىڭ ئىسھاق ئۈچۈن قىز ئىزدىشى \m \v 1 ئىبراھىم قېرىپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەر تەرەپتە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. \v 2 ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛\f □ \fr 24:2 \ft \+bd «ئەڭ مۆتىۋەر»\+bd* ــ ياكى «ھەممىدىن ياشانغان».\f*  \x + \xo 24:2 \xt يار. 47‏:29. \x* \v 3 مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي،\x + \xo 24:3 \xt يار. 28‏:1. \x* \v 4 بەلكى ئۆز يۇرتۇمغا، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن، ــ دېدى. \m \v 5 خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى. \m \v 6 ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن! \v 7 مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن.\x + \xo 24:7 \xt يار. 12‏:1، 7؛ 13‏:15؛ 15‏:18؛ 26‏:4؛ مىس. 32‏:13؛ قان. 34‏:4؛ روس. 7‏:5. \x* \v 8 شۇنداقتىمۇ، ئەگەر قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، مەن ساڭا قىلدۇرىدىغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز ياندۇرۇپ بارمىغىن، ــ دېدى. \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار قولىنى خوجىسى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. \m \v 10 ئاندىن خىزمەتكار بۇ توغرىدا خوجىسىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى، شۇنداقلا خوجىسىنىڭ ھەرخىل ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۇ ئارام-ناھارائىم رايونىغا سەپەر قىلىپ، ناھورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.\f □ \fr 24:10 \ft \+bd «ئارام-ناھارائائىم»\+bd* ــ ياكى «مېسوپوتامىيا»، يەنى «ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايون».\f* \v 11 ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكۈندۇردى: بۇ كەچقۇرۇن، قىز-ئاياللارنىڭ سۇ تارتقىلى چىقىدىغان چېغى ئىدى. \v 12 ئۇ دۇئا قىلىپ: ــ ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.\f □ \fr 24:12 \ft \+bd «مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىشنى مېنىڭ ئالدىمدا يۈز بەرگۈزگەيسەن!». \+bd «شاپائەت»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «شاپائەت» ئىبرانىي تىلىدا «خەسەد» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر بولۇپ، كۆپ يەرلەردە «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت» ياكى «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. كۆپ يەرلەردە بىر خىل ئەھدە بىلەن باغلىق بولىدۇ؛ شۇڭا سۆزنىڭ ئۇزۇنراق بىرخىل تەرجىمىسى: «مېھىر-مۇھەببەت ئەھدىسىدە ھامان تۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.\f* \v 13 مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ. \v 14 ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى. \m \v 15 ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛\x + \xo 24:15 \xt يار. 22‏:23\x* \v 16 قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشى تەگمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كومزەكنى تولدۇرۇپ ئاندىن چىقتى. \v 17 خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، كومزىكىڭتىن ئازغىنا سۇ ئوتلىۋالاي، دېدى. \m \v 18 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى. \m \v 19 ئۇ سۈيىدىن ئۇنىڭغا قانغۇچە ئىچكۈزگەندىن كېيىن: ــ تۆگىلىرىگىمۇ قانغۇچە سۇ ئىچكۈزۈپ قوياي، ــ دېدى. \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئولاققا تۆكۈۋېتىپ، يەنە قۇدۇققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرىگە سۇ تارتىپ بەردى. \v 21 ئۇ كىشى ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوڭ قىلغان، قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتاتتى. \v 22 تۆگىلەر سۇ ئىچىپ قانغاندا، شۇنداق بولدىكى، ھېلىقى كىشى يېرىم شەكەللىك بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى بىلەن ئىككى قولىغا ئون شەكەللىك ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ قىزغا بېرىپ ئۇنىڭغا: \v 23  سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 24 قىز ئۇنىڭغا: ــ مەن مىلكاھنىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى،\x + \xo 24:24 \xt يار. 22‏:23. \x* \v 25 يەنە ئۇنىڭغا: ــ بىزنىڭكىدە سامان بىلەن بوغۇز كەڭرى، \add سىلەرگە\add* قونغىلى جايمۇ بار، ــ دېدى. \m \v 26 شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ: \v 27 ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى. \m \v 28 قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى. \v 29 ئەمدى رىۋكاھنىڭ لابان دېگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان قۇدۇقنىڭ بېشىغا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. \v 30 چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن ھالقىسىنى ۋە قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، ھەمدە سىڭلىسىنىڭ: ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق-مۇنداق دېدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا باردى. مانا، ئۇ كىشى قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى. \v 31 لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى. \m \v 32 ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى؛ لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان بىلەن بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى؛\f □ \fr 24:32 \ft \+bd «لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ».\f* \v 33 ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا تائام قويۇلدى؛ لېكىن ئۇ: ــ مەن گېپىمنى دېمەي تۇرۇپ تائام يېمەيمەن، ــ دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقايلا، دېدى. \m \v 34 ئۇ: ــ مەن بولسام ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىمەن؛ \v 35 پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى. \v 36 خوجامنىڭ ئايالى ساراھ قېرىغاندا خوجامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجام \add ئوغلىغا\add* ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى. \v 37 خوجام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «سەن مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمە، \v 38 بەلكى جەزمەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن»، ــ دېدى. \v 39 ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم، \v 40 ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «تۇتقان يوللىرىم ئۇنىڭغا ئوچۇق بولغان پەرۋەردىگارىم ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوڭ قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە سەن مېنىڭ ئائىلىدىكىلىرىم ئارىسىدىن، ئاتامنىڭ جەمەتى ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن. \v 41 شۇنداق قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئۇلار ساڭا قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىسەن»، ــ دېگەنىدى. \m \v 42 شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن بۇ سەپىرىمنى ئوڭ قىلساڭ: ــ \v 43 مانا مەن سۇ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، سۇ تارتقىلى كەلگەن قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگەن بولساڭ»، دېسەم، \v 44 ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي»، دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىز دەل پەرۋەردىگار ئۆزى خوجامنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بېكىتكەن قىز بولسۇن، دەپ دۇئا قىلغانىدىم. \v 45 كۆڭلۈمدە تېخى سۆزۈم تۈگىمەيلا، مانا، رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ سۇ تارتتى؛ مەن ئۇنىڭغا: ــ ئىلتىپات قىلىپ، ماڭا سۇ ئىچكىلى قويساڭ، دېۋىدىم، \v 46 ئۇ دەرھال كومزىكىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: «ئىچكەيلا، تۆگىلىرىنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم؛ ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى. \v 47 ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: ــ كىمنىڭ قىزى بولىسەن، دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ناھورنىڭ مىلكاھدىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈكلەرنى سېلىپ قويدۇم؛ \v 48 ئاندىن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم؛ خوجامنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ يولۇمنى ئوڭ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجامنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم. \v 49 ئەمدى سىلەر خوجامغا ئىخلاس قىلىپ شاپائەت كۆرسىتەيلى دېسەڭلار، بۇنى ماڭا دەڭلار. ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 24:49 \ft \+bd «ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن»\+bd* ــ روشەنكى، خىزمەتكار ئىشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىدا، ئۇلار قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئۇ قىزنى ئىزدەشتىن يانمايتتى.\f* \m \v 50 ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز.\f □ \fr 24:50 \ft \+bd «سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سىلىگە يا يامان يا ياخشى دېيەلمەيمىز».\f* \v 51 مانا، رىۋكاھ ئالدىلىرىدا تۇرىدۇ؛ ئۇنى ئېلىپ كەتكەيلا. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز خوجىلىرىنىڭ ئوغلىغا خوتۇن بولسۇن، ــ دېدى. \m \v 52 ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەرگە ئېڭىشىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. \v 53 ئاندىن، خىزمەتكار كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى چىقىرىپ، بۇلارنى رىۋكاھقا بەردى؛ ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى سۇندى. \m \v 54 ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى، \v 55 قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قىز بىرقانچە كۈن ياكى ئون كۈن يېنىمىزدا تۇرسۇن؛ ئاندىن بارسۇن، ــ دېدى. \m \v 56 ئەمما ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ سەپىرىمنى ئوڭ قىلغانىكەن، مېنى توسماڭلار؛ خوجامنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئۈچۈن مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭلار، ــ دېدى. \m \v 57 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى، دەپ \v 58 رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 59 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىۋكاھنى، ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى.\x + \xo 24:59 \xt يار. 35‏:8\x* \v 60 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: \m ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! \m نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى. \m \v 61 شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ بىلەن ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىۋكاھنى ئېلىپ يولغا چىقتى. \m \v 62 ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روي دېگەن جايدىن بايىلا قايتىپ كەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ جەنۇبتىكى نەگەۋدە تۇراتتى؛\x + \xo 24:62 \xt يار. 16‏:14؛ 25‏:11. \x* \v 63 ئىسھاق كەچقۇرۇن ئىستىقامەتكە دالاغا چىققانىدى؛ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى. \v 64‏-65 رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى. \m \v 66 خىزمەتكار ئەمدى قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئىسھاققا ئېيتىپ بەردى. \v 67 ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى.\f □ \fr 24:67 \ft \+bd «ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى»\+bd* ــ ساراھ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغانىدى (23-بابنى كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 25 \s1 ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى \r 1تار. 1‏:28-42 \m \v 1 ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى. \v 2 ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى.\x + \xo 25:2 \xt 1تار. 1‏:32. \x* \v 3 يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى.\f □ \fr 25:3 \ft \+bd «ئاشۇرىيلار»\+bd* ــ مۇشۇ «ئاشۇرىيلار» بولسا كېيىنكى «ئاشۇرلار» ياكى «ئاسۇرىيلەر» ئەمەس. ‭ ‬«ئاشۇرلار» ياكى «ئاسۇرىيلەر» بولسا شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى (22:10نى كۆرۈڭ).\f* \v 4 مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. \m \v 5 ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛\x + \xo 25:5 \xt يار. 24‏:36. \x* \v 6 ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.\f □ \fr 25:6 \ft \+bd «كىچىك خوتۇنلىرى»\+bd* ــ ھەجەر ۋە كەتۇراھلار ئىدى. ئىبراھىمنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۈبھىسىزكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوغۇللىرى ئارىسىدا خۇدا ۋەدە قىلغان مىراس (پەلەستىن زېمىنى) ئۈستىدە چىقىشى مۇمكىن بولغان جېدەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.\f* \b \m \s1 ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنىشى \m \v 7‏-8 ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى.\f □ \fr 25:7‏-8 \ft \+bd «ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى»\+bd* ــ 15:15 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 25:7‏-8 \xt يار. 15‏:15. \x* \v 9 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. \v 10 بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. \m \v 11 ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى. \b \m \s1 ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى \m \v 12 تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ \f □ \fr 25:12 \ft \+bd «تۆۋەندىكىلەر .... ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ يەتتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئىسمائىلنىڭ تولىدوتى» («ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (12:25-18) باشلىنىدۇ.\f* \m \v 13 ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام،\x + \xo 25:13 \xt 1تار. 1‏:29. \x* \v 14 مىشما، دۇماھ، ماسسا، \v 15 ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. \v 16 بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى. \m \v 17 ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. \m \v 18 \add ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى\add* ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى.\f □ \fr 25:18 \ft \+bd «ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى»\+bd* ــ بۇ بايان ئىسمائىل توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى بېشارەت (12:16)نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن بەلكىم ئىسمائىل ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلار ۋە باشقىلار بىلەن قارشىلىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى پۇراتقان بولۇشى مۇمكىن. \fp مۇشۇ ئايەتتىكى «ئاشۇر» ئاسۇرىيە ئەمەس، بەلكىم سىناي چۆلىدىكى بىر رايوننى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ دۇنياغا كېلىشى \m \v 19 ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى.\f □ \fr 25:19 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ سەككىزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»، يەنى «ئىسھاقنىڭ تولىدوتى») («ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى») (19:25-26:35) باشلىنىدۇ.\f* \v 20 ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. \v 21 ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى.\x + \xo 25:21 \xt رىم. 9‏:10. \x* \m \v 22 ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، \add ھامىلىدار\add* بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى. \m \v 23 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ \m «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر، \m ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، \m بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ، \m چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى.\x + \xo 25:23 \xt 2سام. 8‏:14؛ رىم. 9‏:12. \x* \b \m \v 24 ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى.\f □ \fr 25:24 \ft \+bd «ئەساۋ»\+bd* ــ «تۈكلۈك».\f* \v 25 ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى.\f □ \fr 25:25 \ft \+bd «ياقۇپ»\+bd* ــ مەنىسى «تاپانغا ئېسىلغۇچى» ياكى كۆچمە مەنىدە «ئورۇن باسار» ياكى «مۇھاپىزەتچى» دېگەنلىك ئىدى. كېيىن ئەساۋ ياقۇپقا ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئورۇن ئىگىلىۋالغۇچى» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىدۇ (36:27).\f* \v 26 ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى.\x + \xo 25:26 \xt ھوش. 12‏:4. \x* \b \m \s1 ئەساۋنىڭ تۇنجىلىق ھوقۇقى، يەنى تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقنى سېتىۋېتىشى \m \v 27 بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى.\f □ \fr 25:27 \ft \+bd «چۈشەنمە»\+bd* ــ ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەۋراتتا ئوۋچىلىق قىلىش سەلبىي قارىلىدۇ. «چېدىرلاردا تۇراتتى» ياقۇپنى ھۇرۇن ئادەم دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكى ئىشلار، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ تەجرىبىلىك قويچى ئىكەنلىكى 7:29دىن كۆرۈنىدۇ. \fp بەزى تەرجىمىلەردە «ياقۇپ \+bd جىمغۇر\+bd* ئادەم» دېيىلگىنى بىلەن ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز («تام» ياكى «تامام») تەۋراتتا دائىم «دۇرۇس»، «كامىل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 28 ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى. \m \v 29 بىر كۈنى ياقۇپ \add پۇرچاق\add* شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى. \v 30 ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى).\f □ \fr 25:30 \ft \+bd «ئېدوم»\+bd* ــ «قىزىل».\f* \m \v 31 ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى.\f □ \fr 25:31 \ft \+bd «تۇنجىلىق ھوقۇقى»\+bd* ــ (ياكى «تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇق») ــ بۇ ھوقۇق تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن: ــ \fp (1) پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئىگىدارچىلىق مەسئۇلىيىتى؛ \fp (2) باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا، ئاتىسىدىن مىراسنى بىر ھەسسە كۆپ ئېلىش؛ \fp (3) ئاتىسىنىڭ بەخت-بەرىكەت تىلەش خەيرلىق دۇئاسىدىن ئالاھىدە بەھرىمان بولۇش؛ \fp (4) پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن كاھىنلىق (دۇئا قىلىش) ۋەزىپىسىنى ئۆتەش. \fp بىز «تۇنجىلىق ھوقۇقى» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز.\f* \m \v 32 ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى.\x + \xo 25:32 \xt يەش. 22‏:13؛ 1كور. 15‏:32. \x* \m \v 33 ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى. \m \v 34 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى. \b \b \m \c 26 \s1 ئىسھاقنىڭ گەراردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشى \m \v 1 \add قانائان\add* زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى.\f □ \fr 26:1 \ft \+bd «ئابىمەلەك»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتتا گەرار پادىشاھىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى ئىدى. بۇ «ئابىمەلەك» ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى «ئابىمەلەك» (20-باب) ئەمەس.\f* \v 2 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: ــ سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇرتتا تۇرغىن.\f □ \fr 26:2 \ft \+bd «سەن مىسىرغا چۈشمەي»\+bd* ــ گەرار شەھىرى قانائان زېمىنىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، مىسىر زېمىنىغا بارىدىغان يول ئۈستىدە ئىدى.\f* \v 3 موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛\x + \xo 26:3 \xt يار. 13‏:15؛ 15‏:18. \x* \v 4 نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ \add نامى\add* بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛\f □ \fr 26:4 \ft \+bd «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ»\+bd* ــ ياكى «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ».\f*  \x + \xo 26:4 \xt يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18. \x* \v 5 چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، تاپىلىغىنىم، ئەمرلىرىم، بەلگىلىمىلىرىم ۋە قانۇنلىرىمنى بەجا كەلتۈردى، ــ دېدى. \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى. \v 7 ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى. \m \v 8 لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى.\f □ \fr 26:8 \ft \+bd «ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى»\+bd* ــ ياكى «ئىسھاق ئايالى رىۋكاھنى سىلاپ تۇراتتى».\f* \v 9 ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى. \m \v 10 ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى. \m \v 11 ئاندىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇپ: ــ كىمكى بۇ كىشىگە ۋە ياكى خوتۇنىغا قول تەگكۈزسە جەزمەن ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ، ــ دەپ يارلىق چۈشۈردى. \m \v 12 ئىسھاق ئۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلدى: ئۇ شۇ يىلى يەردىن يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىگەنىدى. \v 13 بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى. \v 14 ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. \m \v 15 بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.\f □ \fr 26:15 \ft \+bd «قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى»\+bd* ــ ئاچارچىلىق بولغان ۋاقتىدا بۇنداق قىلىش يامان ئىش ھېسابلىناتتى ھەم ھاماقەتلىك بولاتتى.\f* \m \v 16 ئابىمەلەك ئىسھاققا: ــ سەن بىزدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتىڭ، ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېدى. \m \v 17 ئىسھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىغا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. \v 18 ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا \add قۇللىرى\add* بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى. \v 19 ئىسھاقنىڭ قۇللىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋاتقاندا سۇلىرى ئۇرغۇپ چىقىپ ئاقىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى. \v 20 لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 26:20 \ft \+bd «ئېسەك»\+bd* ــ «ماجىرا».\f* \v 21 ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىدى، ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق توغرىسىدا جېدەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق بۇنىڭ ئىسمىنى «سىتناھ» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 26:21 \ft \+bd «سىتناھ»\+bd* ــ «قارشىلىق».\f* \m \v 22 ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، شۇ يەردىمۇ يەنە بىر قۇدۇق كولىدى؛ ئەمدى گەراردىكىلەر بۇ قۇدۇقنى تالاشمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ ئېتىنى «رەھوبوت» قويۇپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن جاي بەرگەنىكەن، بۇ زېمىندا مېۋىلىك بولىمىز»، ــ دېدى.\f □ \fr 26:22 \ft \+bd «رەھوبوت»\+bd* ــ «ئازادە يەر».\f* \m \v 23 ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ بەئەر-شېباغا باردى. \v 24 پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى. \m \v 25 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى شۇ يەردە بىر قۇدۇق كولىدى. \b \m \s1 ئىسھاقنىڭ ئابىمەلەك پادىشاھ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى \m \v 26 ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى. \v 27 ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى. \m \v 28‏-29 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 26:28‏-29 \ft \+bd «ئەھدە قىلىشىش»\+bd* ــ «ئەھدە كېسىش» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (10:15نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى. \v 31 ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى. \m \v 32 ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى. \v 33 ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.\f □ \fr 26:33 \ft \+bd «شېباھ» ۋە «شېبا»\+bd* ــ بۇ ئىككى سۆز «قەسەم» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «بەئەر-شېبا» دېگەننىڭ مەنىسى «قەسەمنىڭ قۇدۇقى». بۇ بەلكىم شۇ يەردىكى ئىككىنچى قۇدۇق بولۇشى مۇمكىن؛ ئىبراھىم ئەسلىدە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىش تۈپەيلىدىن شۇ يەرگە ئوخشاش ئىسىم قويغانىدى (31:21نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 ئەساۋنىڭ يات قەبىلىدىن ئالغان ئاياللىرى \m \v 34 ئەساۋ قىرىق ياشقا كىرگەندە، ھىتتىيلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت بىلەن ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. \v 35 ئەمما بۇلار ئىسھاق بىلەن رىۋكاھنىڭ كۆڭلىگە ئازاب ئېلىپ كەلدى.\x + \xo 26:35 \xt يار. 27‏:46. \x* \b \b \m \c 27 \s1 ياقۇپنىڭ ئىسھاقنى ئالدىشى \m \v 1 ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. \m ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 2 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم، قانچىلىك كۈن كۆرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. \v 3 شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىمەن، قوراللىرىڭ، يەنى ساداق ۋە ئوقيايىڭنى ئېلىپ جاڭگالغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كەل؛ \v 4 مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، ماڭا كەلتۈرگىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. \m \v 5 ئىسھاق ئوغلى ئەساۋغا سۆز قىلغاندا رىۋكاھمۇ ئاڭلىدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى جاڭگالغا چىقىپ كەتكەندە، \v 6‏-7 رىۋكاھ ئوغلى ياقۇپقا: ــ مانا مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا مەززىلىك بىر تائامنى ئەتكىن؛ مەن ئۇنى يەپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي»، ــ دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. \v 8 ئەمدى، ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بۇيرۇغىنىمنى قىلغىن. \v 9 سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېسىل ئىككى ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگىن؛ مەن ئۇلاردىن ئاتاڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائام تەييار قىلاي. \v 10 سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ــ دېدى. \v 11 لېكىن ياقۇپ ئانىسى رىۋكاھغا: ــ مانا ئاكام ئەساۋ بولسا تۈكلۈك كىشى، مەن بولسام تۈكسىز سىلىق تەنلىك ئادەممەن. \v 12 مۇبادا ئاتام مېنى سىلاپ قالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنى مازاق قىلغۇچى ئادەم بولۇپ قېلىپ، بېشىمغا بەرىكەت ئەمەس، بەلكى لەنەت تاپارمەنمىكىن، دېدى. \m \v 13 ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ساڭا چۈشىدىغان لەنەت ماڭا چۈشسۇن؛ ئەمما سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ \add ئوغلاقلارنى\add* ئېلىپ كەل، ــ دېدى. \m \v 14 ئۇ بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا بەردى. ئانىسى ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائامنى تەييار قىلدى. \v 15 ئاندىن رىۋكاھ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلاقلىق ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ كىچىك ئوغلى ياقۇپقا كىيدۈرۈپ، \v 16 ئوغلاقلارنىڭ تېرىسىنى ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ تۈكسىز جايىغا يۆگەپ، \v 17 ئاندىن ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملار بىلەن نانلارنى ئوغلى ياقۇپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. \v 18 ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. \m ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى، \v 19 ياقۇپ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن، ماڭا ئېيتقانلىرىدەك قىلدىم؛ ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ قىلغان ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. \m \v 20 ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى. \m \v 21 ئىسھاق ياقۇپقا: ــ ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەل، سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ، سىلاپ باقاي، ــ دېدى. \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا يېقىن باردى؛ ئۇ ئۇنى سىلاپ تۇرۇپ: ــ ئاۋاز ياقۇپنىڭ ئاۋازى، لېكىن قول بولسا ئەساۋنىڭ قولىدۇر، ــ دېدى. \m \v 23 ئۇنىڭ قوللىرى بولسا ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى تونىيالماي، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. \v 24 ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى. \m \v 25 ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ تائامنى ئېلىپ كەلگىن، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. \add ياقۇپ\add* ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى؛ ئۇ يېدى. ئۇ شاراب كەلتۈرۈۋىدى، ئۇنىمۇ ئىچتى. \m \v 26 ئاندىن ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى يېقىن كېلىپ مېنى سۆيگىن، ــ دېدى. \m \v 27 ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ \m «مانا، ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى پۇراق پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن!\f □ \fr 27:27 \ft \+bd «كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقى»\+bd* ــ دېمەك، دالادىكى ھەرخىل گۈل-گىياھنىڭ ۋە ئوت-چۆپنىڭ خۇش پۇرىقى سىڭدۈرۈلگەن.\f* \m \v 28 خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى، \m يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىنى ئاتا قىلىپ، \m ئاشلىق-تۈلۈك بىلەن شارابنىمۇ كۆپ بەرگەي.\x + \xo 27:28 \xt ئىبر. 11‏:20. \x* \m \v 29 خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي، \m ئەل-مىللەتلەر ئالدىڭدا تىزلانغاي؛ \m قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن؛ \m ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تىزلانغاي؛ \m ساڭا لەنەت قىلغانلار لەنەتكە قالغاي؛ \m ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي!» ــ دېدى.\x + \xo 27:29 \xt يار. 12‏:3. \x* \b \m \s1 ئەساۋنىڭ ئىسھاقتىن دۇئا تەلەپ قىلىشى \m \v 30 شۇنداق بولدىكى، ئىسھاق ياقۇپقا دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىدىن چىقىپ بولۇشىغا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. \v 31 ئۇمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: ــ ئاتا قوپقايلا، ئوغۇللىرىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. \m \v 32 ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى. \m \v 33 بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى. \m \v 34 ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى.\x + \xo 27:34 \xt ئىبر. 12‏:17. \x* \m \v 35 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ ئىنىڭ ھىيلە بىلەن كىرىپ، ساڭا تېگىشلىك بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدى. \m \v 36 ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 27:36 \ft \+bd «مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى»\+bd* ــ بۇ دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياقۇپ» دېگەننىڭ بىر مەنىسى «ئورۇن ئىگىلىۋالغۇچى» (26:25نى كۆرۈڭ). مۇشۇ يەردە «پۇتلىغۇچى» دېگەن يەنە بىر مەنىسى بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 27:36 \xt يار. 25‏:33. \x* \m \v 37 ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى. \m \v 38 ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.\x + \xo 27:38 \xt ئىبر. 12‏:17. \x* \m \v 39 ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ \m «مانا، تۇرالغۇ جايىڭ يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىدىن نېرى، \m ئېگىز ئاسماننىڭ شەبنىمىدىن يىراق بولۇر؛ \m \v 40 سەن قىلىچىڭغا تايىنىپ جان باقىسەن، \m ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن؛ \m لېكىن چېگرىدىن چىقىپ كەزگىنىڭدە، \m سەن بوينۇڭدىن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چىقىرىپ سۇندۇرۇۋېتىسەن» ــ دېدى. \m \v 41 شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى. \v 42 لېكىن رىۋكاھ چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇپنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەسەللى تېپىۋېتىپتۇ؛ \v 43 ئەمدى ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، قوپۇپ ھارانغا، ئاكام لاباننىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكىن؛ \v 44 ئاكاڭنىڭ قەھرى يانغۇچە، ئۇنىڭ قېشىدا بىرنەچچە ۋاقىت تۇرغىن. \v 45 ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىغا سەپەر قىلىشى \m \v 46 ئەمما رىۋكاھ ئىسھاققا: ــ مەن مۇشۇ ھىتتىي قىزلار ۋەجىدىن جېنىمدىن جاق تويدۇم. ئەگەر ياقۇپمۇ بۇ يۇرتتىكى قىزلاردىن، مۇشۇنداق ھىتتىي قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا ياشىغىنىمنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى.\x + \xo 27:46 \xt يار. 26‏:35. \x* \b \b \m \c 28 \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭغا جېكىلەپ: ــ سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما؛ \v 2 بەلكى قوپۇپ، پادان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالغىن.\x + \xo 28:2 \xt ھوش. 12‏:13. \x* \v 3 ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي، \v 4 شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى.\x + \xo 28:4 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 15‏:18؛ 24‏:7؛ 26‏:3؛ قان. 34‏:4؛ روس. 7‏:5. \x* \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى يولغا سالدى. ئۇ پادان-ئارامغا، ئارامىي بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىۋكاھنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى.\f □ \fr 28:5 \ft \+bd «ئارامىي»\+bd* ــ يەنى «سۇرىيەلىك».\f* \b \m \s1 ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئايال ئېلىشى \m \v 6‏-7 ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنى پادان-ئارامغا شۇ يەردىن خوتۇن ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭا جېكىلەپ: سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالمىغىن، دېگەنلىرىنى ئۇقۇپ، ياقۇپنىڭمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، پادان-ئارامغا كەتكىنىنى كۆرگىنىدە، \v 8 ئەساۋ: ــ قانائانيلارنىڭ قىزلىرى ئاتام ئىسھاقنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈنىدىكەن، دەپ بىلىپ يەتتى. \v 9 ئۇ ئىسمائىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، ھازىرقى خوتۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ماھالاتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ بەيت-ئەلدە چۈش كۆرۈشى \m \v 10 ياقۇپ بولسا بەئەر-شېبادىن چىقىپ، ھاران تەرەپكە مېڭىپ، \v 11 بىر يەرگە يېتىپ كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەچكە شۇ يەردە قونماقچى بولدى. ئۇ شۇ يەردىكى تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، ئۇخلىغىلى ياتتى.\f □ \fr 28:11 \ft \+bd «تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ،،...»\+bd* ــ ياكى «تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ...».\f* \v 12 ئۇ بىر چۈش كۆردى: ــ مانا، ئۇچى ئاسمانلارغا تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەي يەردە تىكلەكلىك تۇراتتى؛ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرۇشاتتى.\x + \xo 28:12 \xt يـۇھ. 1‏:52. \x* \v 13 مانا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ: ــ «مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئىسھاقنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سەن ياتقان بۇ زېمىننى سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بېرىمەن.\x + \xo 28:13 \xt يار. 35‏:1، 3؛ 48‏:3؛ قان. 12‏:20؛ 19‏:8. \x* \v 14 نەسلىڭ بولسا يەرنىڭ توپىسىدەك كۆپ بولۇپ، سەن مەغرىپ بىلەن مەشرىققە، شىمال بىلەن جەنۇبقا يېيىلىسەن؛ سەن ۋە نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەر بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ.\x + \xo 28:14 \xt يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4. \x* \v 15 مانا، مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، قەيەرگە بارساڭ سېنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، بۇ زېمىنغا سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ چۈنكى ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سېنى تاشلىمايمەن» ــ دېدى. \m \v 16 ئاندىن ياقۇپ ئويغىنىپ: ــ بەرھەق، پەرۋەردىگار بۇ يەردىدۇر، لېكىن مەن ئۇنى بىلمەپتىمەن، ــ دېدى. \v 17 ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، ــ دېدى. \m \v 18 ياقۇپ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، \add خاتىرە\add* تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ، ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى.\f □ \fr 28:18 \ft \+bd «بەيت-ئەل»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئۆيى».\f*  \x + \xo 28:18 \xt يار. 31‏:13؛ 35‏:14. \x* \v 19 ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى بەيت-ئەل دەپ ئاتىدى؛ ئەمما ئىلگىرى ئۇ جاينىڭ ئېتى لۇز ئىدى. \m \v 20 ئاندىن ياقۇپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: ــ ئەگەر خۇدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ، \v 21 مەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئامان-ئېسەن يېنىپ بارسام، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم بولىدۇ؛ \v 22 شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، ــ دېدى. \b \b \m \c 29 \s1 ياقۇپنىڭ لاباننىڭ ئۆيىگە بېرىشى \m \v 1 ئاندىن ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەشرىقتىكى قوۋملارنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. \v 2 ئۇ قارىۋىدى، مانا، يايلاقتا بىر قۇدۇق تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوي پادىسى تۇراتتى؛ چۈنكى خەلق بۇ قۇدۇقتىن پادىلارنى سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. \v 3 قاچانىكى پادىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلسا، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن تاشنى يەنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. \v 4 ياقۇپ \add پادىچىلاردىن\add*: ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ بىز ھارانلىقمىز، دېدى. \m \v 5 ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ تونۇيمىز، دېدى. \m \v 6 ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇ سالامەتمۇ، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ. مانا ئەنە ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، دېدى. \m \v 7 ئۇ: ــ مانا، كۈن تېخى ئېگىز تۇرسا، ھازىر تېخى مالنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى بولمىدى؛ نېمىشقا قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن يەنە بېرىپ ئوتلاتمايسىلەر؟ ــ دېدى. \m \v 8 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، مۇنداق قىلالمايمىز. ئاۋۋال پادىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پادىچىلار تاشنى قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن يۇمىلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن قويلارنى سۇغىرىمىز، دېدى.\f □ \fr 29:8 \ft \+bd «پادىچىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». شۇ پادىچىلار بىر تۈركۈم ھوقۇقلۇق پادىچىلار بولسا كېرەك. ياكى بولمىسا ئۇلار ئېيتقان ئىشلار شۇ يەردە بىر ئۆرپ-ئادەت بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 9 ئۇ ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى ئۇ قوي باققۇچى ئىدى. \v 10 شۇنداق بولدىكى، ياقۇپ ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزى راھىلە بىلەن ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى كۆرگەندە، ئۇ قوپۇپ بېرىپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى سۇغاردى. \v 11‏-12 ئاندىن ياقۇپ راھىلەنى سۆيۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ تاشلىدى ۋە راھىلەگە: ــ مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تۇغقىنى، رىۋكاھنىڭ ئوغلى بولىمەن، دېۋىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتىسىغا خەۋەر بەردى. \m \v 13 شۇنداق بولدىكى، لابان ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ياقۇپنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئاندىن ياقۇپ لابانغا \add كەچۈرمىشلىرىنىڭ\add* ھەممىسىنى دەپ بەردى.\f □ \fr 29:13 \ft \+bd «كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى». دېمەك، تەرجىمىمىزدەك «يۈز بەرگەن ھەممە ئىشلارنى»، ياكى ئۇ باياتىن راھىلەگە ئېيتقان ئىشلارنى (تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى) كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 14 لابان ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭەك بىلەن گۆشۈمدۇرسەن! ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ ئالدىنىپ قېلىشى \m \v 15 ئاندىن لابان ياقۇپقا: ــ سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولغاچ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنا، ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟ ــ دېدى. \m \v 16 لاباننىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى؛ چوڭىنىڭ ئېتى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئېتى راھىلە ئىدى. \v 17 لېياھنىڭ كۆزلىرى يېقىملىق ئىدى؛ ئەمما راھىلەنىڭ بولسا تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ھۆسنى-جامالى چىرايلىق قىز ئىدى.\f □ \fr 29:17 \ft \+bd «لېياھنىڭ كۆزلىرى يېقىملىق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «لېياھنىڭ كۆزلىرى مۇلايىم» (ياكى «يۇمشاق»). بۇنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى بولسا: (1) تىنىق؛ (2) ئاجىز (ياخشى كۆرمەيدىغان)؛ (3) نۇرسىز.\f* \v 18 ياقۇپنىڭ كۆڭلى راھىلەگە چۈشكەن بولۇپ لابانغا: ــ مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي، دېدى.\x + \xo 29:18 \xt ھوش. 12‏:13. \x* \m \v 19 لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن، دېدى. \m \v 20 ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. \v 21 ۋاقىت توشقاندا ياقۇپ لابانغا: ــ مانا مېنىڭ كۈنلىرىم توشتى. ئەمدى ئايالىمنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرەي، دېدى. \v 22 لابان شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى يىغىپ، زىياپەت قىلىپ بەردى. \v 23 لېكىن شۇنداق بولدىكى، كەچ كىرگەندە، ئۇ چوڭ قىزى لېياھنى ياقۇپنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ بىللە بولدى. \v 24 لابان ئۆز دېدىكى زىلپاھنى قىزى لېياھغا دېدەك قىلىپ بەردى. \m \v 25 ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى. \m \v 26 لابان: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا كىچىكىنى چوڭىدىن ئىلگىرى ياتلىق قىلىدىغان رەسىم-قائىدە يوق. \v 27 ئەمدى سەن چوڭىنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغىن؛ ئاندىن يەنە ئىككىنچىسىنىمۇ ساڭا بېرەيلى؛ ئۇ سېنىڭ ماڭا يەنە يەتتە يىل قىلىدىغان خىزمىتىڭنىڭ ھەققى بولىدۇ، ــ دېدى. \m \v 28 ياقۇپ ماقۇل بولۇپ، لېياھنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندا، لابان قىزى راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. \v 29 لابان دېدىكى بىلھاھنى قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. \v 30 بۇ تەرىقىدە ياقۇپ راھىلەنىڭمۇ قېشىغا كىردى؛ ئۇ راھىلەنى لېياھدىن زىيادە ياخشى كۆردى. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە يەتتە يىل لابانغا خىزمەت قىلدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ پەرزەنتلىرى \m \v 31 ئەمما پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تۇغۇشنى نېسىپ قىلدى. لېكىن راھىلە تۇغماس ئىدى.\f □ \fr 29:31 \ft \+bd «ئۇنىڭغا تۇغۇشنى نېسىپ قىلدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنى ئاچتى».\f* \v 32 لېياھ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار خارلانغىنىمنى كۆردى؛ ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى «رۇبەن» قويدى. \f □ \fr 29:32 \ft \+bd «رۇبەن»\+bd* ــ «قارا، بىر ئوغۇل بالا!» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 33 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇنى ھەم ماڭا بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمېئون قويدى.\f □ \fr 29:33 \ft \+bd «شىمېئون»\+bd* ــ «ئاڭلاش» ياكى «ئاڭلىغان» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 34 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم ئېرىم ماڭا باغلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى لاۋىي قويدى.\f □ \fr 29:34 \ft \+bd «لاۋىي»\+bd* ــ «باغلانغان» ياكى «ئۇلانغان» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 35 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم مەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇي!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا قويدى. ئاندىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى.\f □ \fr 29:35 \ft \+bd «يەھۇدا»\+bd* ــ «ھەمد» ياكى «مەدھىيە» دېگەن مەنىدە. لېياھنىڭ سۆزى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ۋە ئېتىقادىنى ئىسپاتلايدۇ. يەھۇدا تۇغۇلغۇچە ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇ-تىلەكلىرى ئېرى ياقۇپنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن ھازىر ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئاغرىنمىدى، بەلكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن تەسەللى ئالدى.\f* \b \b \m \c 30 \m \v 1 ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ــ ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، ــ دېدى. \m \v 2 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. \m \v 3 ــ مانا، دېدىكىم بىلھاھ بۇ يەردە تۇرىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىن، ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن؛ مەن ئۇ ئارقىلىق بالىلىق بولاي، ــ دېدى راھىلە.\f □ \fr 30:3 \ft \+bd «ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ مېنىڭ تىزلىرىم ئۈستىگە تۇغسۇن» ــ دېمەك، دېدەك تۇغقان بالىلار راھىلەنىڭ ھېسابلىنىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۇ ئارقىلىق قۇرۇلىمەن» ياكى «ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈم قۇرۇلىدۇ».\f* \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېدىكى بىلھاھنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردى. \v 5 بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. \m \v 6 راھىلە: ــ «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزۈپ پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى»، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان قويدى.\f □ \fr 30:6 \ft \+bd «دان»\+bd* ــ «ئۇ ھۆكۈم چىقاردى» ياكى «ئۇ ئادىللىق قىلدى!» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 7 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. \v 8 راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى.\f □ \fr 30:8 \ft \+bd «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇدانىڭ مەدىتى بىلەن ئاچام بىلەن چېلىشىپ،...». \+bd «نافتالى»\+bd* ــ «ئېلىشىش» ياكى «چېلىشىش» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 9 لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغانىنى كۆرۈپ، دېدىكى زىلپاھنى ياقۇپقا خوتۇن قىلىپ بەردى. \v 10 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. \v 11 لېياھ: ــ «نېمىدېگەن تەلەيلىك-ھە!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد قويدى.\f □ \fr 30:11 \ft \+bd «گاد»\+bd* ــ «تەلەيلىك» ياكى «ئوڭۇشلۇق» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 12 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. \v 13 لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى.\f □ \fr 30:13 \ft \+bd «ئاشىر»\+bd* ــ «بەختلىك» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 14 بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى.\f □ \fr 30:14 \ft \+bd «مۇھەببەتگۈل»\+bd* ــ (ياكى «ماندراك») ــ بۇ ئۆسۈملۈك مۇھەببەتنى قوزغاپ، ھامىلىدار بولۇش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارىلاتتى.\f* \m \v 15 \add لېياھ\add* ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى. \m \v 16 ياقۇپ كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ مېنىڭ قېشىمغا كىرىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇ بۇ كېچە ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. \v 17 خۇدا لېياھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. \v 18 شۇنىڭ بىلەن لېياھ: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىمگە خۇدا ئەمدى ماڭا «ئىجارە ھەققىم»نى ئاتا قىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار قويدى.\f □ \fr 30:18 \ft \+bd «ئىسساكار»\+bd* ــ «ئىجارە» ياكى «ئىنئام» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 19 لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. \v 20 لېياھ: ــ «خۇدا ماڭا ياخشى تويلۇق ئاتا قىلدى؛ ئەمدى ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن قويدى.\f □ \fr 30:20 \ft \+bd «ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى»\+bd* ــ ياكى «ئېرىم مېنى ھۆرمەتلەيدىغان بولدى». \+bd «زەبۇلۇن»\+bd* ــ «ماكان قىلىش» ياكى «ھۆرمەتلەش» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 21 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىناھ قويدى.\f □ \fr 30:21 \ft \+bd «دىناھ»\+bd* ــ «(ئادىل) ھۆكۈم» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 22 ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد قىلىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى.\f □ \fr 30:22 \ft \+bd «ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بالىياتقۇسىنى ئېچىۋىدى».\f* \v 23 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: ــ «خۇدا مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى»، دېدى. \m \v 24 ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسە» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ قويدى.\f □ \fr 30:24 \ft \+bd «يۈسۈپ»\+bd* ــ «ئۇ يەنە بېرىدۇ» ياكى «ئۇ قوشۇپ بېرىدۇ» دېگەن مەنىدە.\f* \b \m \s1 ياقۇپنىڭ بېيىشى \m \v 25 راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن ياقۇپ لابانغا: ــ مېنى ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە كەتكىلى قويغىن. \v 26 مېنىڭ ساڭا ئىشلەپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىم بولغان ئاياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن؛ مەن كېتەي؛ چۈنكى مېنىڭ ساڭا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمىتىم ئۆزۈڭگە ئايان، ــ دېدى. \m \v 27 لابان ئۇنىڭغا جاۋابەن: نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنۈپ قالاي، \add يېنىمدىن كەتمە\add*. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ماڭا بەرىكەت بەرگىنىنى تونۇپ يەتتىم، دېۋىدى، \add ياقۇپ\add* يەنە: ــ \v 28 ماڭا ئالىدىغان ھەققىڭنى توختاتقىن؛ مەن ساڭا شۇنى بېرەي، دېدى. \m \v 29 \add ياقۇپ\add* ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىم، مېنىڭ قولۇمدا ماللىرىڭنىڭ قانداق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئايان. \v 30 چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى. \m \v 31 شۇنىڭ بىلەن لابان: ــ مەن ساڭا نېمە بېرەي، دېۋىدى، ياقۇپ: ــ سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن؛ پەقەت مېنىڭ شۇ ئىشىمغا قوشۇلساڭلا، مەن يەنە پاداڭنى بېقىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالىمەن. \v 32 مەن بۈگۈن پۈتكۈل پاداڭنى ئارىلاپ، ئالا-چىپار قويلارنى، قارا-قوڭۇر پاخلانلارنى، شۇنداقلا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرىنى ئايرىپ چىقىمەن. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن.\f □ \fr 30:32 \ft \+bd «قارا-قوڭۇر پاخلانلار»\+bd* ــ پەلەستىندە قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىق قويلار ئاز ئۇچرايدۇ. \+bd «ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرى»\+bd* ــ پەلەستىندە ئۆچكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي قارا ياكى پۈتۈنلەي قوڭۇردۇر. \+bd «بۇلار»\+bd* ــ ياكى «بۇلاردىن تۇغۇلغانلار».\f* \v 33 كېيىن، مېنىڭ ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىڭدا، ھەققانىي بولغىنىم كۆز ئالدىڭدا ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۆچكىلەر ئارىسىدا ئالا-چىپار بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى، پاخلانلار ئارىسىدا قارا-قوڭۇر بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھېسابلانسۇن، ــ دېدى. \m \v 34 ئۇ ۋاقىتتا لابان: ــ ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن، ــ دېدى. \m \v 35 شۇ كۈنى \add لابان\add* تاغىل ۋە ئالا-چىپار تېكىلەرنى، ئالا-چىپار چىشى ئۆچكىلەرنى، شۇنداقلا ئاز-پاز ئاق چىكىمى بولغان بارلىق ئۆچكىلەرنى، بارلىق قارا-قوڭۇر قوزىلارنى ئايرىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، \v 36 ئۆزى بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى. ياقۇپ بولسا لاباننىڭ پادىلىرىنىڭ قالغىنىنى باقتى.\f □ \fr 30:36 \ft \+bd «ئۆزى»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار». \+bd «ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى»\+bd* ــ دېمەك، لابان دەرھال پادىسىدىن ياقۇپنىڭ ھەققى بولغان مالنى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە شۇنداق نەسلىنى چىقىرالايدىغانلارنى ئايرىپ، ياقۇپتىن يىراق قىلدى.\f* \m \v 37 لېكىن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يۇمران چىۋىقلارنى ئېلىپ، قوۋزىقىنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق سىزىقلارنى چىقاردى. \v 38‏-39 ئاندىن مال كۈيلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ئۇ مۇشۇ شىلغان چىۋىقلارنى پادىلار سۇ ئىچىدىغان يەرلەردىكى ئۇلاقلارغا مالنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قوياتتى. مال بۇ \add تاغىل\add* چىۋىقلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۇلار تاغىل ۋە ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغدى. \m \v 40 ئاندىن ياقۇپ بۇ قوزىلارنى لاباننىڭ پادىسىدىن ئايرىپ چىقاردى؛ ئاندىن ئۇ لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرىغا قارىتىپ جۈپلەشتۈردى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز مېلىنى لاباننىڭ مېلىغا قوشماي بۆلەك قويۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم بادىلارنى قىلدى.\f □ \fr 30:40 \ft \+bd «لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرى»\+bd* ــ لابان بۇنداق تاغىل ۋە قوڭۇر قويلارنى ئاللىقاچان ئايرىغان بولسىمۇ، بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا ئۇ يەنىلا بۇنداقلاردىن بەزىلىرىنى ياقۇپقا تاپشۇرغان ئوخشايدۇ. ئەگەر لاباننىڭ ئوغۇللىرى پادىلارنى بېقىشقا ئىشەنچلىك بولمىسا، لابان شۇ «تاغىل ۋە قوڭۇر قويلار»دىن چوڭ قويلارنى ياقۇپقا قايتىدىن تاپشۇرۇشى مۇمكىن. باشقا بىر ئىمكانىيەت باركى، ياقۇپنىڭ بەزى تاغىل ياكى قوڭۇر قوزىلىرى چوڭ بولغاندا ئۇ ئۇلارنى لاباننىڭ ئاق رەڭلىق قويلىرى ئارىسىغا قوشقان. \fp ياقۇپنىڭ لابان بىلەن بولغان ۋاقتىدىكى تارىخ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 41 ساغلام كۈچلۈك مال جۈپلەشكىنىدە، ياقۇپ چىۋىقلارنى پادىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇلاقلاردا قوياتتى؛ ماللار شۇ چىۋىقلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. \v 42 لېكىن جۈپلىشىۋاتقان مال ئاجىز بولسا، ئۇ چىۋىقلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا، كۈچلۈكلىرى ياقۇپقا تەۋە بولدى. \v 43 شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى. \b \b \m \c 31 \s1 ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىدىن قېچىشى \m \v 1 ئەمما ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: ــ ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئېرىشكەن بۇ دۆلىتى ئاتىمىزنىڭ تەئەللۇقاتىدىن كەلگەن، دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى.\f □ \fr 31:1 \ft \+bd «بۇ دۆلىتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ شان-شەرەپنى».\f* \v 2 ياقۇپ لاباننىڭ چىرايىغا قارىۋىدى، مانا، ئۇ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى. \v 3 بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: ــ سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ زېمىنىغا، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن سېنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، ــ دېدى. \m \v 4 شۇنىڭ ئۈچۈن ياقۇپ ئادەم ئەۋەتىپ، راھىلە ۋە لېياھنى ئۆز پادىسى تۇرغان كۆكلەمگە چاقىرىپ كېلىپ \v 5 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاتاڭلارنىڭ چىرايىغا قارىسام ماڭا بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى؛ ئەمما ئاتامنىڭ خۇداسى مەن بىلەن بىللە بولۇپ كەلدى. \v 6 كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاتاڭلارغا ئىشلەپ بەرگىنىم سىلەرگە ئايان؛ \v 7 ھالبۇكى، ئاتاڭلار مېنى ئەخمەق قىلىپ، ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. \v 8 ئەگەر ئۇ: «ئالا-چىپار قوزىلار ھەققىڭ بولىدۇ»، دېسە، بارلىق پادىلار ئالا-چىپار قوزىلىغىلى تۇردى. ئۇ: «تاغىل قوزىلار ھەققىڭ بولسۇن»، دېسە، بارلىق پادىلار تاغىل قوزىلىغىلى تۇردى. \v 9 بۇ تەرىقىدە خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ماڭا بەردى. \v 10 پادىلار كۈيلىگەن ۋاقىتتا مەن بىر قېتىم چۈشۈمدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنى كۆردۇمكى، مانا، ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ياكى ئالا-چىپار ئىدى. \v 11 ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە ماڭا: «ئەي ياقۇپ»، دېۋىدى، مەن جاۋاب بېرىپ: «مانا مەن»، دېدىم. \m \v 12 ئۇ ماڭا: ــ «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىغىن؛ مانا ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپاردۇر؛ چۈنكى مەن لاباننىڭ ساڭا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم. \v 13 مەن بەيت-ئەلدە \add ساڭا كۆرۈنگەن\add* تەڭرىدۇرمەن. سەن شۇ يەردە تۈۋرۈكنى مەسىھلەپ، ماڭا قەسەم ئىچتىڭ. ئەمدى سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىندىن چىقىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ زېمىنىغا يانغىن» دېدى.\f □ \fr 31:13 \ft \+bd «مەسىھلەش» ۋە «مەسىھ»\+bd* ــ بۇ ئىشلار توغرىسىدا «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. بۇ يەردە مۇقەددەس كىتابتا «مەسىھلەش» ياكى «مەسىھ قىلىش» دېگەن پېئىلنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشىدۇر.\f*  \x + \xo 31:13 \xt يار. 28‏:15،14،13. \x* \m \v 14 راھىلە ۋە لېياھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدە بىزگە تېگىشلىك نېسىۋە ياكى مىراس قالمىغانمۇ؟ \v 15 بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى!\f □ \fr 31:15 \ft \+bd «تويلۇقلىرىمىز»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ياقۇپنىڭ لېياھ ۋە راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگىنىنىڭ قىممىتىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 16 شۇنداق بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئاتىمىزدىن ساڭا ئېلىپ بەرگەن بارلىق دۆلەت بىز بىلەن بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر. ئەمدى خۇدا ساڭا نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. \m \v 17‏-18 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىلىرى ۋە ئاياللىرىنى تۆگىلەرگە مىندۇرۇپ، ئېرىشكەن بارلىق ماللىرى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى، يەنى پادان-ئارامدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا قانائان زېمىنىغا قاراپ يول ئالدى. \m \v 19 لابان بولسا قويلىرىنى قىرقىغىلى كەتكەنىدى؛ راھىلە ئۆز ئاتىسىغا تەۋە «ئۆي بۇتلىرى»نى ئوغرىلاپ ئېلىۋالدى.\f □ \fr 31:19 \ft \+bd «ئۆي بۇتلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەرافىم». بۇ بۇتلار قولدا كۆتۈرگۈدەك كىچىك بولۇپ، ئادەتتە كۈمۈشتىن ياسىلاتتى. قەدىمكى ۋاقىتلاردىكى بەزى بۇتپەرەس جەمئىيەتلەردە «تەرافىم»غا ئىگە بولغان ئادەم ئۆينىڭ بارلىق تەئەللۇقاتىنىڭ ئىگىسى، خوجايىنى دەپ ھېسابلىناتتى. شۇڭا بۇ كىچىك «تەرافىم» كۈمۈش بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قانۇنىي ئەھمىيىتى ئۈچۈن لابانغا ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.\f* \v 20 ياقۇپ ئارامىي لابانغا ئۆز قېشىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماي ئۇنى ئالداپ قويغانىدى.\f □ \fr 31:20 \ft \+bd «ئۇنى ئالداپ قويغانىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئوغرىلىدى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 21 ئۇ بار-يوقىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى؛ ئۇ دەريادىن ئۆتۈپ گىلېئاد تېغى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.\f □ \fr 31:21 \ft \+bd «دەريا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 لاباننىڭ ياقۇپنى قوغلىشى \m \v 22 ئۈچىنچى كۈنى، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقىنى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. \v 23 ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، يەتتە كۈنلۈك يولغىچە كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، گىلېئاد تېغىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. \v 24 لېكىن كېچىسى خۇدا ئارامىي لاباننىڭ چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا: «سەن ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە!» دېدى.\f □ \fr 31:24 \ft \+bd «ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياقۇپقا يا ياخشى يا يامان گەپنى قىلما!». بۇ سۆزلەر بەلكىم: «ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلىمە ياكى ئۇنى قارغىما» دېگەنلىك بولسا كېرەك. خۇدا نېمىشقا «ياقۇپقا ياخشى گەپ قىلما» دېگەن؟ بىزنىڭچە خۇدا لاباننىڭ ئالدامچى ماھىيىتىنى ئوبدان بىلەتتى؛ ئۇ ياقۇپقا بەرىكەت تىلىسە ئالدامچى نىيىتى بىلەن تىلەيدىغىنىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ «يامان گەپ قىلىش»ىغا، يەنى ئۇنى قارغاشقا يول قويمايتتى، ئەلۋەتتە. شۇڭا «ياقۇپقا يا ياخشى يا يامان گەپنى قىلما!» دېگىنى بەلكىم «پەقەت ھەقىقەتتىن سۆزلە!» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. بىراق لاباننىڭ ياقۇپ بىلەن بولغان سۆھبىتىگە قارىساق ئۇ يەنىلا يالغانچىلىقتىن يىراق كەتمەيدۇ!\f* \m \v 25 لابان ياقۇپقا يېتىشىپ بارغاندا، ياقۇپ چېدىرىنى تاغنىڭ ئۈستىگە تىكگەنىدى. لابانمۇ تۇغقانلىرى بىلەن گىلېئاد تېغىنىڭ ئۈستىدە چېدىر تىكتى. \v 26 لابان ياقۇپقا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىدەك ئېلىپ كەتتىڭ؟ \v 27 نېمىشقا يوشۇرۇن قاچىسەن، ماڭا خەۋەر بەرمەي مەندىن ئوغرىلىقچە كەتتىڭ؟ ماڭا دېگەن بولساڭ مەن خۇشال-خۇراملىق بىلەن غەزەل ئوقۇپ، داپ ۋە چاڭ چېلىپ، سېنى ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ \v 28 شۇنداق قىلىپ سەن ماڭا ئۆز ئوغۇللىرىم ۋە قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇ ئىشتا ئەخمەقلىق قىلدىڭ.\f □ \fr 31:28 \ft \+bd «ئۆز ئوغۇللىرىم»\+bd* ــ لاباننىڭ «ئوغۇللىرىم» دېگىنى ئۇنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ياقۇپتىن تۇغۇلغان نەۋرە ئوغۇللىرى بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارنى «مېنىڭ ئوغۇللىرىم» دەپ ھېسابلايتتى.\f* \v 29 سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قولۇمدىن كېلەتتى؛ لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭنىڭ خۇداسى ماڭا سۆز قىلىپ: «ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە» دېدى. \v 30 خوش، سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى تولىمۇ سېغىنغىنىڭ ئۈچۈن كەتمەي قويمايسەن؛ لېكىن نېمىشقا يەنە مېنىڭ بۇتلىرىمنى ئوغرىلىدىڭ؟ ــ دېدى. \m \v 31 ياقۇپ لابانغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن قورقۇپ قاچتىم؛ چۈنكى سېنى قىزلىرىنى مەندىن مەجبۇرىي تارتىۋالامدىكىن، دېدىم. \v 32 ئەمدى بۇتلىرىڭغا كەلسەك، ئۇلار كىمدىن چىقسا شۇ تىرىك قالمايدۇ! قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مەندىن قانداقلا نېمەڭنى تونۇۋالساڭ، ئۇنى ئېلىپ كەت، ــ دېدى. ھالبۇكى، ياقۇپنىڭ راھىلەنىڭ بۇتلارنى ئوغرىلاپ كەلگىنىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. \m \v 33 لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئاندىن لېياھنىڭ چېدىرى ھەم ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇرۇپ ھېچنېمە تاپالمىدى. لېياھنىڭ چېدىرىدىن چىقىپ، راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. \v 34 راھىلە بولسا ئۆي بۇتلىرىنى ئېلىپ، بۇلارنى تۆگىنىڭ چومىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان پۈتكۈل چېدىرىنى ئاختۇرۇپ، ھېچنېمە تاپالمىدى. \m \v 35 راھىلە ئاتىسىغا: ــ ئەي خوجام، ئالدىڭدا تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن خاپا بولمىغىن؛ چۈنكى مەن ھازىر ئاياللارنىڭ ئادەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمەن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، لابان ھەممە يەرنى قويماي ئاختۇرۇپمۇ، ئۆي بۇتلىرىنى تاپالمىدى.\f □ \fr 31:35 \ft \+bd «مەن ھازىر ئاياللارنىڭ ئادەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاياللارنىڭ ئادىتى ھازىر ماڭا چۈشتى».\f* \m \v 36 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاچچىقلاپ لابان بىلەن جېدەللىشىپ كەتتى. ياقۇپ لابانغا: ــ سەن مېنى كەينىمدىن مۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ قوغلاپ كەلگۈدەك مەندە نېمە سەۋەنلىك، نېمە گۇناھ بار؟ \v 37 سەن ھەممە يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭ، ئۆيۈڭنىڭ نەرسىلىرىدىن بىرەر نېمە تاپالىدىڭمۇ؟ بىرنېمە تاپقان بولساڭ، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بىلەن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويغىن، ئۇلار بىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلسۇن. \v 38 مەن مۇشۇ يىگىرمە يىل قېشىڭدا تۇردۇم؛ ھېچقاچان ساغلىقىڭ ۋە چىشى ئۆچكىلىرىڭ بالا تاشلىۋەتمىدى؛ پادىلىرىڭدىن قوچقارلىرىڭنى يېگىنىم يوق. \v 39 بوغۇۋېتىلگەنلىرىنى قېشىڭغا ئېلىپ كەلمەي، بۇ زىياننى ئۆزۈم تولدۇردۇم؛ كېچىسى ئوغرىلانغان ياكى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن سەن ئۇنى مەندىن تۆلىتىپ ئالدىڭ. \v 40 مېنىڭ كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتتىكى، كۈندۈزى ئىسسىقتىن، كېچىسى سوغۇقتىن قىينىلىپ، ئۇيقۇ كۆزۈمدىن قاچاتتى. \v 41 مېنىڭ كۈنلىرىم مۇشۇ يىگىرمە يىلدا ئۆيۈڭدە تۇرۇپ شۇنداق بولدى؛ ئون تۆت يىل ئىككى قىزىڭ ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم، ئالتە يىل پاداڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭ. \v 42 ئەگەر ئاتامنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يەنى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغاننىڭ ئۆزى مەن بىلەن بىللە بولمىسا ئىدى، سەن جەزمەن مېنى قۇرۇق قول قىلىپ قايتۇرۇۋېتەتتىڭ. لېكىن خۇدا مېنىڭ تارتقان جەبىر-جاپالىرىمنى، قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ تۈنۈگۈن كېچە ساڭا تەنبىھ بەردى، ــ دېدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ لابان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى \m \v 43 لابان ياقۇپقا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ ئوغۇللار مېنىڭ ئوغۇللىرىم، بۇ پادا بولسا مېنىڭ پادام بولىدۇ؛ شۇنداقلا كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مىنىڭكىدۇر؛ ئەمما مەن بۈگۈن بۇ قىزلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقان ئوغۇللىرىنى نېمە قىلاي؟\f □ \fr 31:43 \ft \+bd «مېنىڭ ئوغۇللىرىم»\+bd* ــ 28-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مىنىڭكىدۇر»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەز پۈتۈنلەي خاتا، ئەلۋەتتە. ياقۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز قولىنىڭ ئەجرى بىلەن ئېرىشكەنىدى.\f* \v 44 قېنى كەل، سەن بىلەن ئىككىمىز بىر ئەھدە تۈزۈشەيلى، بۇ مەن بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. \m \v 45 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئېلىپ ئۆرە تىكلەپ تۈۋرۈك قىلىپ قويدى. \v 46 ئاندىن ياقۇپ قېرىنداشلىرىغا: ــ تاش يىغىڭلار، ــ دېۋىدى، تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ دۆۋىلىدى، شۇ يەردە تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا غىزالىنىشتى. \v 47 لابان بۇ دۆۋىنى «يەگار-ساھادۇتا» دەپ ئاتىدى، ياقۇپ ئۇنىڭغا «گالېئەد» دەپ ئات قويدى.\f □ \fr 31:47 \ft \+bd «يەگار-ساھادۇتا»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا، «گالېئەد» ئىبرانىي تىلىدا «گۇۋاھلىق دۆۋىسى» دېگەن مەنىدە.\f* \v 48 لابان: ــ بۇ دۆۋە بۈگۈن سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. شۇڭا بۇ سەۋەبتىن دۆۋىنىڭ نامى «گالېئەد» ئاتالدى. \v 49 ئۇ جاي يەنە «مىزپاھ»، دەپمۇ ئاتالدى؛ چۈنكى لابان يەنە: ــ ئىككىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشمىگەن ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا قاراۋۇل بولۇپ كۆزىتىپ تۇرسۇن.\f □ \fr 31:49 \ft \+bd «مىزپاھ»\+bd* ــ «كۆزىتىش مۇنارى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، يەنە «ئۇ كۆزىتىپ تۇرسۇن» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغا يېقىن.\f* \v 50 ئەگەر سەن قىزلىرىمنى بوزەك قىلساڭ، ياكى قىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇنلارنى ئالساڭ، باشقا ھېچ كىشى قېشىمىزدا ھازىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، مانا، خۇدا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا گۇۋاھچىدۇر! \m \v 51 لابان ياقۇپقا يەنە: ــ مانا، بۇ دۆۋىگە قارا، مەن بىلەن سەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن تىكلەپ قويغان بۇ تۈۋرۈككىمۇ قارا؛ \v 52 كەلگۈسىدە بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكمۇ مەن يامان نىيەت بىلەن بۇ دۆۋىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە ئۆتمەسلىكىم ئۈچۈن، سېنىڭمۇ نىيىتىڭنى يامان قىلىپ بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكتىن ئۆتۈپ مېنىڭ تەرىپىمگە كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن گۇۋاھچى بولسۇن.\f □ \fr 31:52 \ft \+bd «سېنىڭمۇ نىيىتىڭنى يامان قىلىپ بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكتىن ئۆتۈپ مېنىڭ تەرىپىمگە كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن گۇۋاھچى بولسۇن»\+bd* ــ ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك «ئۆي بۇتلىرى»غا ئىگە بولۇش «ئۆينىڭ ئۆزىگە ئىگە بولغانلىق» ھېسابلانسا، ئۇنداقتا لاباننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ مەقسىتى: ــ «ياقۇپ ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆي بۇتلىرىمنى ئېلىپ، مېنىڭ ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنى تارتىۋېلىش نىيىتىدە مەن تەرەپكە ھەرگىز كەلمىسۇن» دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى.\f* \v 53 ئىبراھىمنىڭ ئىلاھى، ناھورنىڭ ئىلاھى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىلاھلىرى ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن، ــ دېدى. ياقۇپ بولسا ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغۇچى بىلەن قەسەم قىلدى.\f □ \fr 31:53 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ ئىلاھى، ناھورنىڭ ئىلاھى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىلاھلىرى»\+bd* ــ لابان، ئىبراھىمنىڭ ئاتىسى تەراھ ۋە ناھورلار ئاساسەن بۇتپەرەسلەر ئىدى («يە.» 2:24نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 54 ئاندىن ياقۇپ تاغ ئۈستىدە بىر قۇربانلىق سۇنۇپ، قېرىنداشلىرىنى ئۆزى بىلەن تاماقلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ھەمداستىخان ئولتۇردى ۋە كېچىسى تاغدا قوندى.\f □ \fr 31:54 \ft \+bd «تاماقلىنىشقا تەكلىپ قىلدى»\+bd* ــ بۇ تائام بەلكىم قۇربانلىقنىڭ گۆشى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇ «ئىناقلىق قۇربانلىقى» سۈپىتىدە سۇنۇلغان بولسا كېرەك («لاۋ.» 3-بابنى كۆرۈڭ).\f* \v 55 ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان ئورنىدىن تۇرۇپ، نەۋرىلىرى بىلەن قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۆز ئۆيىگە راۋان بولدى. \b \b \m \c 32 \s1 ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلىنىشى \m \v 1 ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى.\x + \xo 32:1 \xt يار. 48‏:16. \x* \v 2 ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى.\f □ \fr 32:2 \ft \+bd «ماھانائىم»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى «ئىككى بارگاھ». بۇ «ئىككى بارگاھ» ياقۇپنىڭ بارگاھى ۋە خۇدانىڭ بارگاھىنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ «بارگاھ» دېگىنىدىن قارىغاندا، شۇ جايدا كۆرگەن پەرىشتىلەر دەرۋەقە ئىنتايىن كۆپ بولسا كېرەك.\f* \m \v 3 ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، \v 4 ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم. \v 5 ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى. \m \v 6 خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 7 ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى. \v 8 ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى. \m \v 9 ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! \x + \xo 32:9 \xt يار. 31‏:13. \x* \v 10 ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن.\f □ \fr 32:10 \ft \+bd «ھېچنېمە ئەمەسمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىنتايىن كىچىكمەن».\f* \v 11 ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن. \v 12 سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى.\x + \xo 32:12 \xt يار. 28‏:13. \x* \m \v 13‏-15 ئۇ شۇ كېچىسى شۇ يەردە قونۇپ قالدى؛ ئاندىن ئۇ قول ئىلىكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ئوتتۇز چىشى تۆگىنى تايلاقلىرى بىلەن، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى سوۋغات قىلىپ تەييارلاپ،\f □ \fr 32:13‏-15 \ft \+bd «ھاڭگا ئېشەك»\+bd* ــ ياكى «تەخەي».\f* \v 16 بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى. \m \v 17 ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، \v 18 ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى. \m \v 19‏-20 شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پادىلارنى ھەيدەپ ماڭغۇچى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش ئەمر قىلىپ: ــ ئەساۋ سىزلەرگە ئۇچرىغاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار، ئاندىن: ــ مانا، كەمىنىلىرى ياقۇپ ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، ــ دەڭلار، دېدى؛ چۈنكى ئۇ: ــ مەن ئالدىمدا بارغان سوۋغات بىلەن ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى كۆرسەم، مېنى قوبۇل قىلارمىكىن، ــ دەپ ئويلىغانىدى.\f □ \fr 32:19‏-20 \ft \+bd «ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا كافارەت قىلالايمەن، ئاندىن...». «كافارەت» دېگەن ئىش توغرۇلۇق «مىس.» 33:29 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 21 شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھدا قونۇپ قالدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ خۇدا بىلەن چېلىشىشى \m \v 22 ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. \v 23 ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى. \v 24 ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. \v 25 لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 32:25 \ft \+bd «يوتىسىنىڭ يىرىقىغا...»\+bd* ــ ياكى «يوتىسىنىڭ ئۈگىسىگە».\f* \m \v 26 ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. \m ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ.\x + \xo 32:26 \xt ھوش. 12‏:4. \x* \m \v 27 ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. \m ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى. \m \v 28 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى.\f □ \fr 32:28 \ft \+bd «ئىسرائىل»\+bd* ــ مەنىسى «خۇدا بىلەن بىللە بولغان ئەمىر» ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ «خۇدا بىلەن ئېلىشقۇچى».\f*  \x + \xo 32:28 \xt يار. 35‏:10. \x* \m \v 29 ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى.\f □ \fr 32:29 \ft \+bd «پەنىئەل»\+bd* ــ (ياكى «پەنۇئەل») ــ مەنىسى «خۇدانىڭ جامالى».\f* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 32:30 \ft \+bd «خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن سىرلىق ۋەقە ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 31 ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى . \m \v 32 بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى. \b \b \m \c 33 \s1 ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن ئۇچرىشىشى \m \v 1 ياقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئايرىپ، لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى دېدەككە تاپشۇردى؛ \v 2 ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېياھ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. \v 3 ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە يەتتە قېتىم يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. \v 4 ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى؛ ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كەتتى. \v 5 ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى. \m \v 6 ئاندىن ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى؛ \v 7 ئاندىن لېياھمۇ ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى، ئاخىرىدا يۈسۈپ بىلەن راھىلە ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى. \m \v 8 ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى. \m \v 9 لېكىن ئەساۋ: ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى. \m \v 10 ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم! \v 11 ئەمدى ساڭا كەلتۈرۈلگەن، \add خۇدادىن كۆرگەن\add* بۇ بەرىكەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى خۇدا ماڭا شاپائەت كۆرسەتتى، ھەممە نەرسىلىرىم بار بولدى، ــ دەپ ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئۆتۈنۈۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. \m \v 12 ئاندىن ئەساۋ: ــ ئەمدى بىز قوزغىلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭاي، دېدى. \m \v 13 ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ. \v 14 شۇڭا ئۆتۈنىمەنكى، خوجام كەمىنىلىرىدىن ئالدىدا ماڭغاچ تۇرسۇن؛ مەن ئالدىمدىكى مال-چارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا مېڭىپ، خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا ئۇدۇل باراي، دېدى. \m \v 15 ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى. \m \v 16 ئەساۋ ئۇ كۈنى يولغا چىقىپ سېئىرغا يېنىپ كەتتى.\f □ \fr 33:16 \ft .\f* \v 17 ياقۇپ سەپەر قىلىپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ، ماللىرىغا لاپاسلارنى ياسىدى. شۇڭا بۇ يەر «سۇككوت» دەپ ئاتالدى.\f □ \fr 33:17 \ft \+bd «سۇككوت»\+bd* ــ مەنىسى «كەپىلەر» ياكى «لاپاسلار».\f* \m \v 18 شۇ تەرىقىدە ياقۇپ پادان-ئارامدىن قايتىپ، قانائان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى.\x + \xo 33:18 \xt يە. 24‏:32؛ روس. 7‏:16. \x* \v 19 ئاندىن ئۇ چېدىر تىككەن يەرنىڭ بىر قىسىمىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىر يۈز قەسىتىگە سېتىۋېلىپ،\f □ \fr 33:19 \ft \+bd «قەسىتە»\+bd* ــ پۇل بىرلىكى بولۇپ، قىممىتى بىزگە نامەلۇم.\f* \v 20 شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ سېلىپ، نامىنى «ئەل-ئەلوھە-ئىسرائىل» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 33:20 \ft \+bd «ئەل-ئەلوھە-ئىسرائىل»\+bd* ــ مەنىسى ««ئەل» ئىسرائىلنىڭ تەڭرىسىدۇر» (ئىبرانىي تىلىدا «ئەل» بولسا «ئىلاھ»، «خۇدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ).\f* \b \b \m \c 34 \s1 شەكەمنىڭ دىناھنىڭ نومۇسىغا تېگىشى \m \v 1 بىر كۈنى، لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىناھ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى.\x + \xo 34:1 \xt يار. 30‏:21. \x* \v 2 شۇ يۇرتنىڭ ئەمىرى ھىۋىي ھامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ نومۇسىغا تەگدى. \v 3 ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى ھاموردىن: ــ بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدى. \m \v 5 ياقۇپ \add شەكەمنىڭ\add* قىزى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالالاردا ئىدى؛ شۇڭا ياقۇپ ئۇلار كەلگۈچە جىم تۇرۇپ تۇردى. \v 6 شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى؛ \v 7 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار \add شەكەمنىڭ\add* قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى.\f □ \fr 34:7 \ft \+bd «ئىسرائىل قەبىلىسىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىسرائىلدا». «ئىسرائىل» دېگەن بۇ سۆز مۇشۇ يەردە «ئىسرائىل قەبىلىسى» ياكى «ئىسرائىل خەلقى»نى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ مۇقەددەس كىتابتا بىرىنچى قېتىم شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىشى بولىدۇ.\f* \v 8 ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ: ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار! \v 9 بىز بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىمۇ سىلەر ئېلىڭلار؛ \v 10 بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. مانا، يەر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ، سودا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك ئېلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 11 شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا-ئۇكىلىرىغا: ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي. \v 12 مەندىن قانچىلىك تويلۇق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلساڭلار، ماڭا ئېيتقىنىڭلارچە بېرەي؛ پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولىدۇ، دېدى. \m \v 13 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە-مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛ \v 14 ئۇلارغا: ــ بىز بۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىرسىگە بېرىشكە ماقۇل دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ بىزگە نومۇس بولىدۇ.\x + \xo 34:14 \xt يار. 17‏:14،13،12. \x* \v 15 پەقەت بىر شەرتىمىزگە كۆنسەڭلارلا سىلەرگە ماقۇل بولىمىز؛ سىلەرنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭلار خەتنە قىلىنىپ بىزدەك بولسا، \v 16 قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىپ، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئېلىپ ئاراڭلاردا ئولتۇرۇپ، بىر قوۋم بولۇپ قالىمىز. \v 17 ئەمما بىزگە قۇلاق سالماي خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، ئۇنداقتا بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، ــ دېدى. \m \v 18 ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ نەزىرىگە ياقتى. \v 19 يىگىت بۇ ئىشنى كەينىگە سوزمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇپنىڭ قىزىغا ئېجىل بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ئىدى. \v 20 شۇنىڭ بىلەن ھامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە سۆز قىلىپ: ــ \v 21 بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ سودا-سېتىق قىلسۇن؛ مانا، بۇ جاينىڭ ئىككى تەرىپى ئۇلارغا يەتكۈدەك كەڭرىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىمىز. \v 22 لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەك ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلىنسا، ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ماقۇل دەيدۇ. \v 23 شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. \m \v 24 شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقادىغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى. \v 25 ئەمما ئۈچىنچى كۈنى، ئۇلار تېخىچە ئاغرىق ياتقىنىدا شۇنداق بولدىكى، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىناھنىڭ ئاكىلىرى شىمېئون بىلەن لاۋىي ھەرقايسىسى ئۆز قىلىچىنى ئېلىپ، شەھەر خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغىنىدا بېسىپ كىرىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛\f □ \fr 34:25 \ft \+bd «دىناھنىڭ ئاكىلىرى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، شىمېئون ۋە لاۋىي دىناھنىڭ بىر تۇغقان (لېياھدىن تۇغۇلغان) ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئاكىسى ئىدى.\f*  \x + \xo 34:25 \xt يار. 49‏:6. \x* \v 26 ئۇلار ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچلاپ، دىناھنى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى. \v 27 ئاندىن ياقۇپنىڭ \add بارلىق\add* ئوغۇللىرى: «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى» دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاپ-تالاڭ قىلدى.\f □ \fr 34:27 \ft \+bd «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى»\+bd* ــ بۇ تولىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ. چۈنكى پەقەت بىرلا ئادەم شۇنداق قىلغانىدى.\f* \v 28 ئۇلارنىڭ قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى، \v 29 شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاپ، بارلىق خوتۇن-بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى. \m \v 30 ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى.\f □ \fr 34:30 \ft \+bd «بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سانىم ئاز ئادەممەن».\f* \m \v 31 ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 34:31 \ft \+bd «ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟»\+bd* ــ بۇ ۋەقە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 35 \s1 خۇدانىڭ بەيت-ئەلدە ياقۇپقا باشپاناھ بولۇشى \m \v 1 ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن \add مەن\add* تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى.\x + \xo 35:1 \xt يار. 27‏:43؛ 28‏:13،12. \x* \m \v 2 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار. \v 3 ئاندىن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىمىز. مەن شۇ يەردە قىيىنچىلىقتا قالغاندا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، يۈرگەن يولۇمدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەلگەن تەڭرىگە قۇربانگاھ سالاي، ــ دېدى. \m \v 4 شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرىنى، شۇنداقلا قۇلاقلىرىدىكى زىرىلەرنى چىقىرىپ ياقۇپقا بەردى. ياقۇپ بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. \v 5 ئاندىن ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى؛ ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى خۇدادىن بولغان بىر ۋەھىمە باسقاچقا، ئۇلار ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى. \v 6 بۇ تەرىقىدە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قانائان زېمىنىدىكى لۇز، يەنى بەيت-ئەلگە يېتىپ كەلدى. \v 7 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 35:7 \ft \+bd «ئەل-بەيت-ئەل»\+bd* ــ مەنىسى «بەيت-ئەلدىكى خۇدا».\f*  \x + \xo 35:7 \xt يار. 28‏:19. \x* \m \v 8 رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى.\f □ \fr 35:8 \ft \+bd «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاللون-باقۇت».\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ ياقۇپقا يەنە بىر قېتىم بەخت ئاتا قىلىپ، يېڭى ئىسمىنى تەكرارلىشى \m \v 9 ياقۇپ \add شۇ يول بىلەن\add* پادان-ئارامدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. \x + \xo 35:9 \xt ھوش. 12‏:5. \x* \v 10 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپتۇر؛ ئەمما مۇندىن كېيىن سەن ياقۇپ ئاتالماي، بەلكى نامىڭ ئىسرائىل بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل قويۇپ قويدى.\x + \xo 35:10 \xt يار. 32‏:27؛ 2پاد. 17‏:34. \x* \v 11 ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ.\f □ \fr 35:11 \ft \+bd «بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 35:11 \xt يار. 17‏:1، 6؛ 28‏:3؛ 48‏:3. \x* \v 12 مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بەرگەن زېمىننى ساڭا بېرىمەن، شۇنداقلا سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ شۇ زېمىننى بېرىمەن، ــ دېدى. \m \v 13 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. \v 14 ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن جايدا بىر تاش تۈۋرۈكنى تىكلەپ، ئۈستىگە بىر شاراب ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى.\x + \xo 35:14 \xt يار. 28‏:18. \x* \v 15 ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 35:15 \ft \+bd «بەيت-ئەل»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئۆيى». بۇ ياقۇپنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ نامنى شۇ يەرگە قويۇشى ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ نامنىڭ ئەھمىيىتىنى بىر قەدەر تولۇق چۈشەنگىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.\f* \b \m \s1 راھىلەنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى \m \v 16 ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى. \v 17 ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن، بۇ قېتىم يەنە بىر ئوغلۇڭ بولىدىغان بولدى ــ دېدى. \m \v 18 شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 35:18 \ft \+bd «بەن-ئونى»\+bd* ــ (ئەرەبچە «ئىبن-ئانىي») ــ مەنىسى «قايغۇمنىڭ ئوغلى». «بەن-يامىن» (بىنيامىن) دېگەننىڭ مەنىسى «ئوڭ قولدىكى ئوغۇل» ياكى «ئامەتلىك بالا».\f* \m \v 19 راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى.\x + \xo 35:19 \xt يار. 48‏:7. \x* \v 20 ياقۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر «راھىلەنىڭ قەبرە تېشى» شۇ يەردە تۇرماقتا. \v 21 ئاندىن ئىسرائىل سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىگدال-ئېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆز چېدىرىنى تىكتى.\f □ \fr 35:21 \ft \+bd «ئىسرائىل»\+bd* ــ يەنى ياقۇپ، ئەلۋەتتە. \+bd «مىگدال-ئېدىر»\+bd* ــ مەنىسى «قوي پادىسى مۇنارى».\f* \b \m \s1 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى \m \v 22 ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى. \m ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ \x + \xo 35:22 \xt يار. 49‏:4. \x* \m \v 23 لېياھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ۋە شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ھەم زەبۇلۇن ئىدى.\x + \xo 35:23 \xt يار. 46‏:8؛ مىس. 1‏:2. \x* \m \v 24 راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن ئىدى. \m \v 25 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى. \m \v 26 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ گاد بىلەن ئاشىر ئىدى. بۇلار بولسا ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى. \b \m \s1 ئىسھاقنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى \m \v 27 ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى. \v 28 ئىسھاقنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بىر يۈز سەكسەن يىل بولدى. \v 29 ئىسھاق تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى ۋە ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ ئۇنى دەپنە قىلدى.\f □ \fr 35:29 \ft \+bd «كۈنلىرى توشۇپ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى»\+bd* ــ «ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز قوۋملىرىغا قوشۇلدى» ــ 15:15 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 35:29 \xt يار. 25‏:8. \x* \b \b \m \c 36 \s1 ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى \r 1تار. 1‏:35-54 \m \v 1 تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ \f □ \fr 36:1 \ft \+bd «تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ توققۇزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋ (ئېدوم)نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى» («ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:36-8) باشلىنىدۇ. \+bd «ئېدوم»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى «قىزىل» بولۇپ، سېئىر رايونىدىكى تۇپراقنىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدۇ. ئەساۋ ئۆزىمۇ «قىزىل ئادەم» بولۇپ، «قىزىل بىر زېمىن»دا ئولتۇراقلاشقان.\f*  \x + \xo 36:1 \xt 1تار. 1‏:35. \x* \m \v 2 ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛ \v 3 ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى. \v 4 ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. \v 5 ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى. \m \v 6 ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى. \v 7 چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى.\x + \xo 36:7 \xt يار. 13‏:6. \x* \v 8 بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى.\x + \xo 36:8 \xt يە. 24‏:4. \x* \m \v 9 تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ \f □ \fr 36:9 \ft \+bd «تۆۋەندىكىلەر ... ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئونىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋنىڭ \+bd سېئىردا ئولتۇراقلاشقان\+bd* ئەۋلادلىرىنىڭ تولىدوتى» («ئەساۋنىڭ \+bd سېئىردا ئولتۇراقلاشقان\+bd* ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:36-1:37) باشلىنىدۇ. ئەساۋ ئاۋۋال قانائان زېمىنىدا تۇرۇپ بىرنەچچە پەرزەنت كۆردى؛ بۇلار 1-8-ئايەتتە خاتىرىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ «سېئىر تاغلىق رايونى»دا تۇرۇپ ئۇ يەردە بىرنەچچە پەرزەنتلىك بولغان؛ بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ (9:36-1:37). \fp مەزكۇر تارىخ شۇ تاغلىق رايونلۇق «ھورىيلار»نىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارىغاندا، ھورىيلار ئاۋۋال ئەساۋلارغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيىلىشىپ بىر مىللەت، يەنى «ئېدوملار» ياكى «ئېدومىيلار» بولۇپ قالغان.\f* \m \v 10‏-13 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. \m \v 14 ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى. \m \v 15 ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز،\f □ \fr 36:15 \ft \+bd «ئەمىرلەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئەساۋنىڭ نەسلىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى (قەبىلە باشلىقلىرى)نى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 16 ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. \m \v 17 ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. \m \v 18 ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى. \m \v 19 بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، \add ئېدومىيلارنىڭ\add* ئەمىرلىرى ئىدى. \b \m \s1 سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ــ ھورىيلار \m \v 20‏-21 ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ \add ئېدوم\add* زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.\f □ \fr 36:20‏-21 \ft \+bd «ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئېدوم زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىر»\+bd* ــ ھورىيلار ئەساۋلار «سېئىر زېمىنى»غا كىرىشتىن ئىلگىرىلا شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ئىدى. سېئىر ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، زېمىن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانىدى.\f*  \x + \xo 36:20‏-21 \xt 1تار. 1‏:38. \x* \m \v 22 لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى. \v 23 شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى. \m \v 24 زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى. \m \v 25 ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى. \m \v 26 دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى. \b \m \v 27 ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى. \m \v 28 دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى. \m \v 29‏-30 ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. \b \m \s1 ئېدومدىكى پادىشاھلار \m \v 31 ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ \x + \xo 36:31 \xt 1تار. 1‏:43. \x* \m \v 32 بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى. \m \v 33 بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. \m \v 34 يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. \m \v 35 ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. \m \v 36 ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. \m \v 37 ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.\f □ \fr 36:37 \ft \+bd «دەريا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 38 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. \m \v 39 ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى.\f □ \fr 36:39 \ft \+bd «ئاكبورنىڭ ئوغلى ... ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى»\+bd* ــ قارىغاندا، ھورىيلارنىڭ پادىشاھلىرى سۇلالە تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، مەلۇم سايلام يولى بىلەن تاللىناتتى.\f* \m \v 40‏-43 ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.\f □ \fr 36:40‏-43 \ft \+bd «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى»\+bd* ــ ياكى «بۇلار بولسا ئېدومدىكى ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئەمىرلەر ئىدى». \+bd «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى»\+bd* ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئىسرائىللار تېخى مۇساپىر بولۇپ يۈرۈۋاتقاندا، ئەساۋلار ئاللىقاچان مۇقىم زېمىنلىق بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمى بولغان، شۇنداقلا خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك. بىراق كېيىن ئىسرائىللار ئۇلاردىن كۆپ تەرەپلەردە ئېشىپ كەتتى.\f*  \x + \xo 36:40‏-43 \xt 1تار. 1‏:51. \x* \b \b \m \c 37 \s1 يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى \m \v 1 ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى.\x + \xo 37:1 \xt يار. 36‏:7؛ ئىبر. 11‏:9. \x* \m \v 2 تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. \m يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى.\f □ \fr 37:2 \ft \+bd «تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئون بىرىنچى «تولىدوت»ى (ئاخىرقى «تولىدوت» ياكى «تارىخ»)، يەنى «ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تولىدوتى» («ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى») (2:37-26:50) باشلىنىدۇ. \+bd «يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىدىن ئۇ بەرگەن بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى راست ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيدۇ.\f* \v 3 يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى.\f □ \fr 37:3 \ft \+bd «ئۇزۇن يەڭلىك تون»\+bd* ــ شۇ دەۋرلەردىكى ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئۆز شاھزادىلىرى ياكى ئېسىلزادىلىرىگە شۇنداق «ئۇزۇن يەڭلىك تون» كىيگۈزەتتى. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئالا رەڭلىك تون».\f* \v 4 ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى. \m \v 5 ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. \v 6 يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. \v 7 مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. \m \v 8 ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. \m \v 9 كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. \m \v 10 ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 37:10 \ft \+bd «ئاكا-ئۇكىلىرىڭ»\+bd* ــ يۈسۈپنىڭ بىر ئۇكىسى، يەنى بىنيامىن بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ بەك كىچىك ئىدى.\f* \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.\x + \xo 37:11 \xt روس. 7‏:9. \x* \b \m \s1 يۈسۈپنىڭ مىسىرغا، قۇللۇققا سېتىلىشى \m \v 12 ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى. \v 13 ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى. \m \v 14 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى. \m \v 15 شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى. \m \v 16 ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى. \m \v 17 ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى. \m \v 18 ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى. \v 19 ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ. \v 20 كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى. \m \v 21 ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى.\f □ \fr 37:21 \ft \+bd «قۇتقۇزماقچى بولۇپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قۇتقۇزۇپ...».\f*  \x + \xo 37:21 \xt يار. 42‏:22. \x* \v 22 رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى). \m \v 23‏-24 يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى. \m \v 25 ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. \v 26 يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ \v 27 كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى.\f □ \fr 37:27 \ft \+bd «ئۇ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ بىزنىڭ ئەتلىرىمىز».\f* \v 28 مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.\x + \xo 37:28 \xt ھاك. 8‏:24؛ زەب. 105‏:17-18؛ روس. 7‏:9. \x* \m \v 29 رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، \v 30 ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. \m \v 31 ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ، \v 32 ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى. \m \v 33 ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى. \m \v 34 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. \v 35 ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى.\x + \xo 37:35 \xt يار. 42‏:38؛ 44‏:31،29. \x* \m \v 36 ئەمدى مىدىيانىيلار \add يۈسۈپنى\add* مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى.\f □ \fr 37:36 \ft \+bd «پاسىبان بېشى»\+bd* ــ شۇ چاغدىكى «پاسىبان بېشى» دېگەن مەنسەپ بەلكىم «جاللات بېشى» دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.\f*  \x + \xo 37:36 \xt يار. 39‏:1؛ زەب. 105‏:17-18\x* \b \b \m \c 38 \s1 يەھۇدا بىلەن تامار \m \v 1 ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىدىن كېتىپ، ھىراھ ئىسىملىك ئادۇللاملىق بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى. \v 2 شۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك بىر قانائانىينىڭ قىزىنى كۆردى؛ ئۇ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېشىغا كىرىپ ياتتى.\f □ \fr 38:2 \ft \+bd «بىر قانائانىينىڭ قىزى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، قانائانىيلار ئىمانسىز ۋە ئەخلاقسىز بىر خەلق ئىدى.\f*  \x + \xo 38:2 \xt 1تار. 2‏:3. \x* \v 3 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى؛ يەھۇدا ئۇنىڭغا «ئەر» دەپ ئات قويدى. \v 4 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى. \v 5 ئاندىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا شەلاھ دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبدا ئىدى.\x + \xo 38:5 \xt چۆل. 26‏:20. \x* \m \v 6 يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئەرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. \v 7 لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى. \m \v 8 بۇ چاغدا يەھۇدا ئونانغا: ــ ئاكاڭنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن، دېدى.\f □ \fr 38:8 \ft \+bd «قېرىنداشلىق بۇرچى»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، بىرسى ئۆز مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا بىر ۋارىس پەرزەنت قالدۇرۇش ئۈچۈن ئايالىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئايالدىن پەرزەنت تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭكى ئەمەس، بەلكى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ھېسابلىناتتى. كېيىن بۇ ئىشنى مۇسا پەيغەمبەر يەھۇدىيلارغا قانۇن دەپ بېكىتكەن («قان.» 5:25-10).\f* \m \v 9 ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. \v 10 ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل كۆرۈنگەچكە، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. \m \v 11 يەھۇدا ئەمدى كېلىنى تامارغا: ــ ئوغلۇم شەلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ــ بۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن، دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار بېرىپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. \v 12 ئەمدى كۆپ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇئانىڭ قىزى، يەھۇداغا تەگكەن ئايال ئۆلدى. يەھۇدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئادۇللاملىق دوستى ھىراھ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تىمناھقا چىقتى. \m \v 13 تامارغا: ــ قېينئاتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا يول ئالدى، دېگەن خەۋەر يەتتى. \v 14 شۇنىڭ بىلەن تامار شەلاھ چوڭ بولغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىدىم، دەپ قاراپ، تۇللۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبەل تارتىپ بەدىنىنى ئوراپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدە ئەنائىمغا كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى. \m \v 15 ئەمدى يەھۇدا ئۇنى يۈزى يېپىقلىق ھالدا كۆرگەندە: ــ بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى.\f □ \fr 38:15 \ft \+bd «بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتلاردا پاھىشە ئايالار يۈزىنى ئېتىۋالاتتى؛ توي قىلغان ئاياللار ۋە قىزلار ئادەتتە چۈمبەلسىز يۈرەتتى. پەقەت توي قىلىدىغان لايىقى ئالدىدىلا قىزلار يۈزىنى يېپىۋالاتتى (65:24نى كۆرۈڭ).\f* \v 16 ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى. \m \v 17 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، \v 18 ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى. \m ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. \m \v 19 ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى؛ ئۇ پەرەنجىنى سېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى. \m \v 20 يەھۇدا: ــ ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىكى رەنىنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستىنىڭ قولى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى. \v 21 ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: ــ ئەنائىمدىكى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرغان بۇتپەرەس پاھىشە قېنى، دەپ سورىسا، ئۇلار: ــ بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە بولغان ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 38:21 \ft \+bd «بۇتپەرەس پاھىشە»\+bd* ــ قانائانىيلار ئارىسىدا بۇتپەرەسلىكنىڭ پاھىشىۋازلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى. «كىم بۇنداق «بۇتپەرەس پاھىشە» بىلەن بىللە بولسا، ئۇنىڭغا بۇتتىن بىر بەخت-بەرىكەت كېلىدۇ» دەپ قارىلاتتى.\f* \m \v 22 بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ: ــ مەن ئۇنى تاپالمىدىم؛ ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇ جايدىكى ئادەملەرمۇ: «بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە ئايال بولغان ئەمەس» دېيىشتى، دېدى. \m \v 23 يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى. \m \v 24 ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى. \m \v 25 لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى. \m \v 26 يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ: ــ ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر؛ دەرۋەقە مەن ئۇنى ئوغلۇم شەلاھقا ئېلىپ بەرمىدىم، دېدى. بۇ ئىشتىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يەنە يېقىنچىلىق قىلمىدى.\f □ \fr 38:26 \ft \+bd «ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر»\+bd* ــ تامارنىڭ بۇ ئىشلاردا بولۇش مەقسىتى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. \fp يەھۇدا ئەسلىدە «مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۇناھكارمەن» دېيىشكە توغرا كېلەتتى، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 27 ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشتى، مانا قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى.\x + \xo 38:27 \xt 1تار. 2‏:4. \x* \v 28 ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا بالىلاردىن بىرسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر قىزىل يىپنى ئېلىپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دەپ ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويدى. \m \v 29 لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى.\f □ \fr 38:29 \ft \+bd «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ؟ بۇنداق ئىش بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!» (ئەينى سۆز «بۆسۈپ چىقىش» بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!»). \+bd «پەرەز»\+bd* ــ «بۆسۈلگەن جاي» ياكى «بۆسكۈچى» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 38:29 \xt مات. 1‏:3. \x* \v 30 ئاندىن قولىغا قىزىل يىپ چىگىلگەن ئاكىسى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زەراھ دەپ ئاتالدى.\f □ \fr 38:30 \ft \+bd «زەراھ»\+bd* ــ بابىل ياكى ئارامىي تىلىدا «قىپقىزىل» دېگەن مەنىدە. ئىبرانىي تىلىدا «پارقىراق» دېگەن مەنىدە. \fp بۇ بابنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 39 \s1 يۈسۈپنىڭ پوتىفارنىڭ ئۆيىدە خىزمەت قىلىشى \m \v 1 يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى.\x + \xo 39:1 \xt يار. 37‏:28؛ زەب. 105‏:17\x* \v 2 لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتتى؛ ئۇ مىسىرلىق خوجىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.\x + \xo 39:2 \xt روس. 7‏:9. \x* \v 3 ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ خاس خىزمەتچىسى بولدى. خوجىسى ئۇنى ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. \m \v 5 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىنى يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەتلىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە بارلىق تېرىقچىلىقىغا كەلدى. \v 6 شۇنىڭ بىلەن \add پوتىفار\add* بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى. \m يۈسۈپ بولسا قامىتى كېلىشكەن، خۇشچىراي يىگىت ئىدى. \m \v 7 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى.\x + \xo 39:7 \xt پەند. 7‏:13. \x* \m \v 8 ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ. \v 9 بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى. \m \v 10 گەرچە ھەر كۈنى يۈسۈپكە شۇنداق دېسىمۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، \v 11 شۇنداق بىر ۋەقە بولدىكى، بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەنىدى، ئۆيدىكىلەردىن ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى؛ \v 12 بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. \v 13 ئايال يۈسۈپنىڭ تونىنى ئۆز قولىغا تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، \v 14 ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم! \v 15 ئۇ مېنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، دېدى. \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن خوجىسى ئۆيىگە يېنىپ كەلگۈچە ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى يېنىدا ساقلاپ قويدى. \v 17 ئاندىن ئۇ ئېرىگىمۇ شۇ گەپنى قىلىپ: ــ سەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى. \v 18 لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى. \m \v 19 ئۇنىڭ خوجىسى ئايالىنىڭ: ــ سېنىڭ قۇلۇڭ مېنى ئۇنداق-مۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئوتتەك تۇتاشتى. \v 20 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ خوجىسى ئۇنى تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى. شۇ يەرگە پەقەت پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى.\f □ \fr 39:20 \ft \+bd « \+bd*\+bdit يۈسۈپنى\+bdit* تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، پوتىفار «جاللات بېشى» بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلماسلىقى كۆڭلىدە ئايالىنىڭ گەپلىرىگە گۇمان پەيدا بولغانلىقىغا ئىسپات بولۇشى مۇمكىن. قايسى ئاياغ ئاستىدا دەسسىلىش خەتىرىگە قالغان ئايال ئۆزىنى بوزەك قىلماقچى كىشىنىڭ كىيىمىنى تۇتۇۋېلىشنى خالايتتى؟\f*  \x + \xo 39:20 \xt زەب. 105‏:18\x* \m \v 21 لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى. \v 22 شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى. \v 23 زىندان بېگى يۈسۈپنىڭ قولىدىكى ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ ھەرنېمە قىلسا پەرۋەردىگار ئۇنى ئوڭۇشلۇق قىلاتتى. \b \b \m \c 40 \s1 يۈسۈپنىڭ زىندانداشلىرىنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى. \v 2 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ، \v 3 ئۇلارنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىغا، يۈسۈپ سولاقلىق مۇنارلىق زىندانغا سولاپ قويدى.\f □ \fr 40:3 \ft \+bd «پاسىبانلارنىڭ بېشى»\+bd* ــ پوتىفار بولسا كېرەك (1:39نى كۆرۈڭ).\f* \v 4 پاسىبان بېشى يۈسۈپنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە تەيىنلىدى. ئۇلار سولاقتا بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى. \m \v 5 ئۇلار ئىككىسى ــ مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە ناۋىيى گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرغان بىر كېچىدە چۈش كۆردى. ھەربىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار ئىدى. \v 6 ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ \v 7 شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 8 ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 40:8 \ft \+bd «چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق»\+bd* ــ شۇ دەۋرلەردە مىسىردا «چۈشنى يەشكۈچى» دەيدىغان «ئالاھىدە كەسپ»تىكى بىر خىل ئادەملەر بار ئىدى.\f* \m \v 9 بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە چۈشىنى ئېيتىپ: ــ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغۇدەك؛ \v 10 بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. ئۇ بىخ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، ساپلىرىدا ئۇزۇم پىشىپ كېتىپتۇدەك؛ \v 11 پىرەۋننىڭ قەدەھى قولۇمدا ئىكەن؛ مەن ئۈزۈملەرنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ قەدەھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپتىمەن، دېدى. \m \v 12 يۈسۈپ ئۇنىڭغا جاۋابەن: چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى، بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. \v 13 ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ، سېنى مەنسىپىڭگە قايتىدىن تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ساقىي بولغاندەك پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنىدىغان بولىسەن.\f □ \fr 40:13 \ft \+bd «پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «پىرەۋن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ...».\f* \v 14 لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا مېنى يادىڭغا يەتكۈزۈپ، ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ پىرەۋننىڭ ئالدىدا مېنىڭ توغرامدا گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن. \v 15 چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. \m \v 16 باش ناۋاي يۈسۈپنىڭ شۇنداق ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشۈمدە كۆردۈم؛ مانا، بېشىمدا ئاق نان بار ئۈچ سېۋەت بار ئىكەن. \v 17 ئەڭ ئۈستۈنكى سېۋەتتە ناۋايلار پىرەۋنگە پىشۇرغان ھەرخىل نازۇنېمەتلەر بار ئىكەن؛ لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى يەپ كېتىپتۇدەك، ــ دېدى. \m \v 18 يۈسۈپ جاۋابەن: ــ چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى: ــ بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. \v 19 ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى.\f □ \fr 40:19 \ft \+bd «پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پىرەۋن بېشىڭنى ئۈستۈڭدىن كۆتۈرۈپ،...». مۇشۇ سۆزلەرنى 13-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.\f* \m \v 20 ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛\f □ \fr 40:20 \ft \+bd «بېشىنى ئالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىبارە «بېشىنى كۆتۈردى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بۇ «باش كۆتۈرۈش» ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئەمەس، بەلكى كاللىسىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 21 ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا قايتىدىن سۇنىدىغان بولدى. \v 22 لېكىن باش ناۋاينى بولسا يۈسۈپ ئۇلارغا تەبىر بەرگەندەك ئېسىۋەتتى. \v 23 ئەمما باش ساقىي يۈسۈپنى ھېچ ئەسلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى. \b \b \m \c 41 \s1 يۈسۈپنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى \m \v 1 توپتوغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ، پىرەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ \add نىل\add* دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرغۇدەك.\x + \xo 41:1 \xt زەب. 105‏:19\x* \v 2 ھەم چىرايلىق ھەم سېمىز يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپ، قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇدەك. \v 3 ئاندىن يەنە يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپتۇ؛ ئۇلار سەت ھەم ئورۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىنەكلەرنىڭ يېنىدا، دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. \v 4 بۇ سەت ھەم ئورۇق ئىنەكلەر ئۇ يەتتە چىرايلىق ھەم سېمىز ئىنەكلەرنى يەۋېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. \m \v 5 ئۇ يەنە ئۇخلاپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: ــ مانا، بىر تۈپ بۇغداي شېخىدىن توق ۋە چىرايلىق يەتتە باشاق چىقىپتۇ. \v 6 ئۇلاردىن كېيىن يەنە يەتتە باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار ھەم ئورۇق ۋە پۇچەك بولۇپ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغانىدى. \v 7 بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز، توق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. \m \v 8 ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى.\f □ \fr 41:8 \ft \+bd «ئۇنىڭ كۆڭلى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇنىڭ روھى».\f* \m \v 9 ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. \v 10 بۇرۇن پىرەۋن جانابلىرى قۇللىرىغا، يەنى پېقىر ۋە باش ناۋايغا ئاچچىقلىنىپ، بىزنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىدا سولاققا تاشلىغانىدىلا؛ \v 11 شۇ چاغلاردا ھەربىرىمىز بىر كېچىدە بىردىن چۈش كۆردۇق؛ ھەر قايسىمىز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى.\x + \xo 41:11 \xt دان. 2‏:2. \x* \v 12 شۇ يەردە بىز بىلەن بىللە پاسىبان بېشىنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىبرانىي يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ بىزگە چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدى؛ ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەرگەنىدى. \v 13 شۇنداق بولدىكى، ئىشلار دەل ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرىدە دېيىلگەندەك يۈز بەردى؛ جانابلىرى پېقىرنى ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن تەيىنلىدىلە، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا، ــ دېدى. \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىردى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى زىنداندىن چىقاردى. يۈسۈپ بۇرۇت-ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىردى.\x + \xo 41:14 \xt زەب. 105‏:20؛ دان. 2‏:25. \x* \v 15 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، ــ دېدى. \m \v 16 يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 41:16 \ft \+bd «خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب»\+bd* ــ ياكى «ئامان-ئېسەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان بىر جاۋاب.».\f* \m \v 17 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپتىمەن.\f □ \fr 41:17 \ft \+bd «دەريا»\+bd* ــ نىل دەرياسى. مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن پەقەت بىر دەريا، يەنى نىل دەرياسىلا باردۇر.\f* \v 18 قارىسام، دەريادىن ھەم سېمىز ھەم چىرايلىق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپ قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. \v 19 ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن ئاجىز، تولىمۇ سەت ھەم ئورۇق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپتۇ. مەن مىسىر زېمىنىدا شۇنداق سەت ئىنەكلەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن. \v 20 بۇ ئورۇق، ئەسكى ئىنەكلەر بولسا ئاۋۋالقى يەتتە سېمىز ئىنەكنى يەۋېتىپتۇ. \v 21 ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگەنلىكى ھېچ ئايان بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەلكى بۇرۇنقىدەك سەت ئىمىش. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم. \m \v 22 ئاندىن يەنە بىر چۈش كۆردۇم، مانا بىر شاختىن يەتتە ھەم توق ھەم چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. \v 23 ئاندىن يەنە يەتتە پۇچەك، ئورۇق باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. \v 24 بۇ ئورۇق باشاقلار يەتتە چىرايلىق باشاقنى يەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ ئىشنى پالچى-جادۇگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى، دېدى. \m \v 25 يۈسۈپ پىرەۋنگە: ــ \add جانابلىرى\add* پىرەۋننىڭ چۈشلىرى بىر مەنىدىدۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى پىرەۋنگە ئالدىن بىلدۈردى. \v 26 بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر. \m \v 27 ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق، يامان سەت ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قالغان يەتتە قۇرۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاچارچىلىق بولىدىغان يەتتە يىلدۇر. \v 28 مەن پىرەۋنگە دەيدىغان سۆزۈم شۇكى، خۇدا يېقىندا قىلماقچى بولغان ئىشنى پىرەۋنگە ئايان قىلدى. \v 29 مانا، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە مەمۇرچىلىق بولىدۇ؛ \v 30 ئاندىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا پۈتكۈل مەمۇرچىلىقنى ئۇنۇتقۇزىدىغان ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ. \v 31 كېلىدىغان ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بولغان مەمۇرچىلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئاچارچىلىق تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. \v 32 لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. \m \v 33 ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن. \v 34 پىرەۋن شۇنداق قىلسۇنكى، مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىلدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى توپلاڭلار دەپ زېمىنغا نازارەتچىلەرنى تەيىنلىسۇن. \v 35 بۇلار شۇ كېلىدىغان توقچىلىق يىللىرىدا بارلىق ئاشلىقنى توپلاپ، شەھەر-شەھەرلەردە يېمەكلىك بولسۇن دەپ بۇغداي-قوناقلارنى پىرەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ ساقلىتىپ قويسۇن. \v 36 \add يىغىلغان\add* شۇ ئاشلىقلار مىسىر زېمىنىدا بولىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلانسۇن؛ شۇ تەرىقىدە زېمىن ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولمايدۇ، ــ دېدى. \b \m \s1 يۈسۈپنىڭ مىسىرنى ئىدارە قىلىشى \m \v 37 بۇ سۆز پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىگە تازا ياقتى.\x + \xo 41:37 \xt روس. 7‏:10. \x* \v 38 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى.\x + \xo 41:38 \xt زەب. 105‏:20-22\x* \m \v 39 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلغانىكەن، سەندەك پەملىك ھەم دانا ھېچكىم چىقمايدۇ. \v 40 سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 41:40 \ft \+bd «تەرتىپكە تىزسۇن»\+bd* ــ ياكى «بويسۇنىدۇ».\f*  \x + \xo 41:40 \xt زەب. 105‏:21-22\x* \m \v 41 ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى. \m \v 42 بۇنىڭ بىلەن، پىرەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى؛ ئۇنىڭغا نەپىس كاناپ رەختتىن تىكىلگەن لىباسنى كىيگۈزۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. \v 43 ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى. \m \v 44 ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 41:44 \ft \+bd «مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن!»\+bd* ــ ياكى «مەن پىرەۋندۇرمەن؛ لېكىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن!».\f* \m \v 45‏-46 پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. \f □ \fr 41:45‏-46 \ft \+bd «زافىنات-پائانىياھ»\+bd* ــ مەنىسى «خۇدانىڭ سۆز قىلىشى بىلەن ئۇ (يۈسۈپنى دېمەكچى) ھايات تۇرىدۇ» دېگەن بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى».\f* \m \v 47 مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى.\f □ \fr 41:47 \ft \+bd «دۆۋە-دۆۋە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چاڭگال-چاڭگال».\f* \v 48 يەتتە يىلدا ئۇ مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەرگە توپلىدى؛ ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە جۇغلاپ قويدى. \v 49 شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزدىكى قۇمدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق توپلىدى؛ ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇلار ھېسابلاشنى توختاتتى. \m \v 50 ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى.\x + \xo 41:50 \xt يار. 46‏:20؛ 48‏:5. \x* \v 51 يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن جاپا-مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسەھ دەپ ئات قويدى؛\f □ \fr 41:51 \ft \+bd «ماناسسەھ»\+bd* ــ مەنىسى «ئۇنتۇلدۇرغان».\f* \v 52 ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى.\f □ \fr 41:52 \ft \+bd «ئەفرائىم»\+bd* ــ مەنىسى «ئىككى ھەسسە مېۋىلىك».\f* \m \v 53 مىسىر زېمىنىدا مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئاياغلاشتى. \v 54 ئاندىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ئۇ چاغلاردا باشقا بارلىق يۇرتلاردىمۇ ئاچارچىلىق بولدى؛ لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەرلەردە نان بار ئىدى.\x + \xo 41:54 \xt يار. 45‏:6؛ زەب. 105‏:16-17\x* \v 55 ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر زېمىننى باسقاندا، خەلق ئاشلىق سوراپ پىرەۋنگە پەرياد قىلدى. پىرەۋن مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسىگە: ــ يۈسۈپنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 56 ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى بېسىپ كەتتى. يۈسۈپ ھەر يەردىكى ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق ساتاتتى؛ ئاچارچىلىق مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغىلى تۇردى. \v 57 ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى باسقان بولغاچقا، بارلىق يۇرتلاردىكى خەلقمۇ ئاشلىق ئالغىلى مىسىرغا يۈسۈپنىڭ قېشىغا كېلەتتى. \b \b \m \c 42 \s1 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا ئاشلىق ئالغىلى بېرىشى \m \v 1 ئەمدى ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: ــ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟ ــ دېدى. \m \v 2 ئاندىن يەنە: ــ ماڭا قاراڭلار، ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاندىن شۇ يەردىن بىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك قالىمىز، ــ دېدى.\x + \xo 42:2 \xt روس. 7‏:12. \x* \m \v 3 بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا يولغا چىقتى.\f □ \fr 42:3 \ft \+bd «يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ... مىسىرغا يولغا چىقتى»\+bd* ــ ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىشى ئائىلىسىنىڭ ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك؛ بارىدىغان خىزمەتچىلەرمۇ قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 4 لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتمىدى. \v 5 شۇنىڭدەك ئاچارچىلىق قانائان زېمىنىدىمۇ يۈز بەرگەچكە، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بار ئىدى. \m \v 6 يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.\f □ \fr 42:6 \ft \+bd «يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى»\+bd* ــ بۇ ئىش بىلەن يۈسۈپنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تېخى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى؛ ئاتىسى ياقۇپ، ئىنىسى بىنيامىن ۋە ئۆگەي ئانىسىنىڭ مىسىرغا كېلىشى بىلەن كۆرگەن چۈشلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 42:6 \xt يار. 37‏:7. \x* \v 7 يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا ئۇلارنى تونۇدى؛ لېكىن ئۇ تونۇشلۇق بەرمەي، ئۇلارغا قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ: ــ قەيەردىن كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: ــ قانائان زېمىنىدىن ئاشلىق ئالغىلى كەلدۇق، ــ دېدى. \m \v 8 يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى. \v 9 يۈسۈپ ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر جاسۇس، بۇ ئەلنىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 42:9 \ft \+bd «ئەلنىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلنىڭ يالىڭاچ جايلىرى».\f*  \x + \xo 42:9 \xt يار. 37‏:5. \x* \m \v 10 ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي خوجام، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى! \v 11 بىز ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى، سەمىمىي ئادەملەرمىز. كەمىنىلىرى جاسۇس ئەمەس! ــ دېدى. \m \v 12 ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى زېمىننىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆرگىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. \m \v 13 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئەسلىدە ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق؛ بىز ھەممىمىز قانائان زېمىنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز؛ لېكىن كەنجى ئىنىمىز ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قېلىپ قالدى؛ يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى، ــ دېدى.\x + \xo 42:13 \xt يار. 43‏:29. \x* \m \v 14 ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: ــ مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر!\f □ \fr 42:14 \ft \+bd «مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر!»\+bd* ــ يۈسۈپنىڭ بۇنى دېگىنىدىكى مەنتىقە بەلكىم «كىم ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بىراقلا مىسىرغا بارىدىغان خەتەرلىك يولغا ماڭدۇراتتى؟!» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 15 پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمەيسىلەر؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن سىنىلىسىلەر. \v 16 ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغانلىرىڭلار بولسا سولاپ قويۇلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ؛ بولمىسا، پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس! ــ دېدى.\f □ \fr 42:16 \ft \+bd «ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەردە ھەقىقەت بار-يوقلۇقى ئىسپاتلىنىدۇ».\f* \m \v 17 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى ئۈچ كۈنگىچە سولاپ قويدى. \v 18 ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن خۇدادىن قورقىدىغان ئادەممەن؛ تىرىك قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلىڭلار: ــ \v 19 ئەگەر سەمىمىي ئادەملەر بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى سىلەر سولانغان گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرىۋەرسۇن، قالغىنىڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ \v 20 ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرىڭلار ئىسپاتلانسا، ئۆلمەيسىلەر!، ــ دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى.\x + \xo 42:20 \xt يار. 43‏:5؛ 44‏:23. \x* \m \v 21 ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى. \m \v 22 رۇبەن ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەرگە: بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ لېكىن ئۇنىمىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنىڭ قان قەرزى بىزدىن سورىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 42:22 \xt يار. 37‏:22،21. \x* \m \v 23 ئەمما يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەچكە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆز گەپلىرىنى ئۇقۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى بىلمىدى. \v 24 ئۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇلارغا يەنە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىمېئوننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باغلىدى. \b \m \s1 يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ قانائانغا قايتىشى \m \v 25 ئاندىن يۈسۈپ ئەمر چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ھەر بىرسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ تاغىرىغا سېلىپ قويۇپ، سەپەر ھازىرلىقلىرىمۇ بېرىلسۇن دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلارغا شۇنداق قىلىندى. \v 26 شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئېشەكلىرىگە ئاشلىقلىرىنى ئارتىپ، شۇ يەردىن كەتتى. \m \v 27 ئەمما ئۆتەڭگە كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى ئېشىكىگە يەم بەرگىلى تاغىرىنى ئېچىۋىدى، مانا، ئۆز پۇلى تاغارنىڭ ئاغزىدا تۇراتتى. \v 28 ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \m \v 29 ئۇلار قانائان زېمىنىغا، ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ: \v 30 ــ ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە قوپال گەپ قىلدى، بىزگە زېمىننى پايلىغۇچى جاسۇستەك مۇئامىلە قىلدى؛ \v 31 ئەمدى بىز ئۇنىڭغا: «بىز بولساق سەمىمىي ئادەملەرمىز، جاسۇس ئەمەسمىز. \v 32 بىز بىر ئاتىدىن بولغان ئوغۇللار بولۇپ، ئون ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىدۇق؛ بىرى يوقاپ كەتتى، كىچىك ئىنىمىز ھازىر قانائان زېمىنىدا ئاتىمىزنىڭ يېنىدا قالدى» دېسەك، \v 33 ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىم ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بىرىنى مېنىڭ يېنىمدا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاچ قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ \v 34 ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەلەيمەن. ئاندىن قېرىندىشىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن ۋە سىلەر زېمىندا سودا-سېتىق قىلساڭلار بولىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 42:34 \ft \+bd «زېمىن»\+bd* ــ مىسىر زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 35 ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تاغارلىرىنى تۆككەندە، مانا ھەربىرىنىڭ پۇلدىنى ئۆز تاغارلىرىدا تۇراتتى! ئۇلار ۋە ئاتىسى ئۆزلىرىنىڭ چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ قېلىشتى.\x + \xo 42:35 \xt يار. 42‏:25؛ 44‏:1. \x* \v 36 ئاتىسى ياقۇپ ئۇلارغا: ــ مېنى ئوغلۇمدىن جۇدا قىلدىڭلار! يۈسۈپ يوق بولدى، شىمېئونمۇ يوق، ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلدى! ــ دېدى. \m \v 37 رۇبەن ئاتىسىغا: ــ ئەگەر مەن بىنيامىننى قېشىڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغىن؛ مەن ئۇنى قېشىڭغا ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن، ــ دېدى. \m \v 38 لېكىن ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر، ــ دېدى. \b \b \m \c 43 \s1 يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ بىنيامىننى مىسىرغا ئېلىپ بېرىشى \m \v 1 ئاچارچىلىق زېمىننى ئىنتايىن ئېغىر باسقانىدى. \v 2 بۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقنى يەپ تۈگەتكەندە، ئاتىسى ئۇلارغا: ــ يەنە بېرىپ بىزگە ئازغىنا ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. \m \v 3 لېكىن يەھۇدا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھېلىقى كىشى بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن. \v 4 ئەگەر ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسەڭ، بىز بېرىپ ساڭا ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز. \v 5 ئەمما ئەۋەتىشكە ئۇنىمىساڭ، بىز بارمايمىز؛ چۈنكى ھېلىقى كىشى بىزگە: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن، ــ دېدى.\x + \xo 43:5 \xt يار. 42‏:20؛ 44‏:23؛ \x* \m \v 6 ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا ماڭا شۇنچە يامانلىق قىلىپ ئۇ كىشىگە: «يەنە بىر ئىنىمىزمۇ بار» دېدىڭلار، ــ دېدى. \m \v 7 ئۇلار جاۋابەن: ــ ئۇ كىشى بىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلاپ: «ئاتاڭلار تېخى ھاياتمۇ؟ يەنە بىر ئىنىڭلار بارمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ شۇ سوئالىغا يارىشا جاۋاب بەردۇق. ئۇنىڭ بىزگە: «ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەيلى؟ ــ دېدى. \m \v 8 يەھۇدا ئاتىسى ئىسرائىلغا: ــ بالىنى مەن بىلەن ئەۋەتكىن؛ بىز دەرھال قوزغىلىپ يولغا چىقايلى؛ شۇنداقتا بىز ۋە سەن، بىزلەر ھەم بالىلىرىمىز ئۆلمەي، تىرىك قالىمىز. \v 9 مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن؛ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن؛ ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئامان-ئېسەن ياندۇرۇپ كېلىپ، يۈزۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزمىسام، پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي. \f □ \fr 43:9 \ft \+bd «مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ قولۇمدىن ھېساب ئالىسەن».\f*  \x + \xo 43:9 \xt يار. 44‏:32. \x* \v 10 چۈنكى ھايال بولمىغان بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، ــ دېدى. \m \v 11 ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار. \v 12 قولۇڭلاردا ئىككى ھەسسە پۇل ئېلىپ، تاغارلىرىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى ئۆزۈڭلارغا ياندۇرۇلغان پۇلنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار. ئېھتىمال، بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. \v 13 ئىنىڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ، قوزغىلىپ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يەنە بېرىڭلار. \v 14 ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر شۇ سوۋغاتنى ئېلىپ، قوللىرىغا ئىككى ھەسسە پۇلنى تۇتۇپ، بىنيامىننى ئېلىپ قوزغىلىپ، مىسىرغا بېرىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. \v 16 يۈسۈپ بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ ئادەملەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ، مال سويۇپ تائام تەييار قىلغىن؛ چۈنكى بۇ كىشىلەر چۈشلۈك غىزانى مەن بىلەن يەيدۇ، ــ دېدى. \m \v 17 ئۇ كىشى يۈسۈپنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئادەملەرنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. \v 18 ئۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىنگىنىدىن قورقۇشۇپ: ــ ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا ياندۇرۇلغان پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندۇق؛ ئۇنىڭ مەقسىتى بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈستىمىزدىن بېسىپ قۇل قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىش ئوخشايدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 19 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭغا: ــ \m \v 20 ئەي خوجام، بىز ھەقىقەتەن ئەسلىدە مۇشۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق؛\x + \xo 43:20 \xt يار. 42‏:3. \x* \v 21 شۇنداق بولدىكى، بىز ئۆتەڭگە كېلىپ ئۆز تاغارلىرىمىزنى ئاچساق، مانا ھەربىرىمىزنىڭ پۇلى، ئەينى ئېغىرلىقى بويىچە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپتۇ؛ شۇڭا بىز بۇنى ياندۇرۇپ قولىمىزدا ئالغاچ كەلدۇق.\x + \xo 43:21 \xt يار. 42‏:35،27. \x* \v 22 ئاشلىق ئالغىلى قولىمىزدا باشقا پۇلمۇ ئېلىپ كەلدۇق؛ ئەمما تاغارلىرىمىزغا پۇلنى كىمنىڭ سېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇق، ــ دېدى. \m \v 23 ئۇ ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بولۇڭلار، قورقماڭلار. سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ خۇداسى تاغارلىرىڭلاردا سىلەرگە بايلىق ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ؛ سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالدىم، ــ دېدى. ئاندىن ئۇ شىمېئوننى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ چىقتى. \v 24 ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشىغا سۇ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئېشەكلىرىگە يەم بەردى.\x + \xo 43:24 \xt يار. 18‏:4. \x* \v 25 ئۇلار يۈسۈپنىڭ چۈشتە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سوۋغاتنى تەييارلاپ قويدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەردە غىزا يەيدىغىنىنى ئاڭلىغانىدى. \m \v 26 يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۇلار قوللىرىدىكى سوۋغاتنى ئۆيگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى.\x + \xo 43:26 \xt يار. 37‏:10؛ 42‏:6. \x* \v 27 ئۇ ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاندىن: ــ سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 28 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ تېخى ھاياتتۇر، ــ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. \m \v 29 يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: ــ سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئىنىڭلار شۇمۇ؟ ــ دەپ سوراپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا شاپائەت كۆرسەتكەي! ــ دېدى.\x + \xo 43:29 \xt يار. 42‏:13. \x* \m \v 30 يۈسۈپنىڭ ئۆز ئىنىسىغا بولغان سېغىنىش ئوتى قاتتىق كۈچىيىپ، يىغلىۋالغۇدەك خالىي جاي ئىزدەپ، ئالدىراپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تازا بىر يىغلىۋالدى.\x + \xo 43:30 \xt يار. 45‏:2. \x* \v 31 ئاندىن يۈزىنى يۇيۇپ چىقىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ: ــ تائاملارنى قويۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. \m \v 32 خىزمەتكارلار يۈسۈپكە ئايرىم، ئۇلارغا ئايرىم ۋە يۈسۈپ بىلەن بىللە تاماققا كەلگەن مىسىرلىقلارغىمۇ ئايرىم تاماق قويدى؛ چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشنى يىرگىنچلىك دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەيتتى. \v 33 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا، ھەربىرى چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزۇلدى؛ چوڭى چوڭلۇقىغا يارىشا، كىچىكى كىچىكلىكىگە يارىشا ئولتۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ ھەيران قېلىشتى. \m \v 34 يۈسۈپ ئالدىدىكى داستىخاندىكى تاماقلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەردى. ئەمما بىنيامىنغا بەرگىنى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن خۇش كەيپ قىلىشتى. \b \b \m \c 44 \s1 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئاخىرقى قېتىم سىنىشى \m \v 1 ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىنى ئېلىپ كۆتۈرەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، ھەربىرىنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن؛ \v 2 ئاندىن مېنىڭ جامىمنى، يەنى كۈمۈش جامنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. \m \v 3 ئەتىسى تاڭ يورىغاندا، ئۇلار ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇلدى. \v 4 لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلىغىن؛ ئۇلارغا يېتىشكىنىڭدە ئۇلارغا: «نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇردۇڭلار؟ \v 5 خوجام شۇ \add جامدا\add* شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى.\f □ \fr 44:5 \ft \+bd «خوجام شۇ جامدا شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟!»\+bd* ــ يۈسۈپ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى بولغاچقا، «پال ئېچىش» قاتارلىق ئىشلارنى قەتئىي قىلمايتتى. ئۇنىڭ گېپى ئاكىلىرىنى سىناش مەقسىتىدە ئېيتىلغان، خالاس.\f* \m \v 6 بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى. \v 7 ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن! \v 8 بىز ئەسلىدە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ قانائان زېمىنىدىن سىلىنىڭ قاشلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەكەلگەنىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خوجىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلايلى؟ \v 9 كەمىنىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كىمدىن بۇ \add جام\add* تېپىلسا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن، بىزمۇ خوجىمىزنىڭ قۇللىرى بولايلى، ــ دېدى. \m \v 10 غوجىدار جاۋابەن: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردەك بولسۇن؛ جام كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ كىشى قۇلۇم بولۇپ قېلىپ قالسۇن، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ بولىسىلەر، ــ دېدى. \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى. \v 12 غوجىدار چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇردى، جام بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىلدى. \v 13 بۇنى كۆرۈپ ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە قايتىدىن يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى. \b \m \s1 يەھۇدانىڭ بىنيامىن ئۈچۈن يېلىنىشى \m \v 14 شۇنداق قىلىپ يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى؛ ئۇ تېخى شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى. \v 15 يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى.\f □ \fr 44:15 \ft \+bd «مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟»\+bd* ــ 5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 يەھۇدا جاۋابەن: ــ بىز خوجىمىزغا نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ نېمە گەپ قىلالايمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، بىز ۋە قولىدىن جاملىرى تېپىلغان كىشى ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولىدىغان بولدۇق، ــ دېدى.\f □ \fr 44:16 \ft \+bd «خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى»\+bd* ــ يەھۇدانىڭ مۇشۇ گېپى مۇشۇ يەردە بەلكىم يۈسۈپنىڭ جامى تاغارلىرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆتكەندە ئىنىسى يۈسۈپكە ئۆتكۈزگەن يامانلىقنى كۆرسەتسە كېرەك. يەھۇدا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىنىڭ يۈسۈپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى. \m \v 18 ئاندىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي خوجام، كەمىنىلىرىگە قۇلاق سېلىپ خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا. غەزەپلىرى كەمىنىلىرىگە تۇتاشمىغاي؛ چۈنكى ئۆزلىرى پىرەۋنگە ئوخشاش ئىكەنلا. \v 19 ئەسلىدە خوجام كەمىنىلىرىدىن: «ئاتاڭلار يا ئىنىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىلا، \v 20 بىز خوجىمىزغا جاۋابەن: «بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار ۋە ئۇ قېرىغاندا تاپقان، ياش بىر بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىسىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆيىدۇ» دېسەك، \v 21 سىلى كەمىنىلىرىگە: «ئۇنىڭ ئۆزىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دېدىلە.\x + \xo 44:21 \xt يار. 42‏:15. \x* \v 22 بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىت ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېسەك، \v 23 سىلى يەنىلا كەمىنىلىرىگە: «ئەگەر كىچىك ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى يەنە كۆرىمىز دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەنىدىلا.\x + \xo 44:23 \xt يار. 43‏:3، 5 \x* \v 24 شۇنىڭ بىلەن بىز كەمىنىلىرى ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق؛ \v 25 ئاندىن ئاتىمىز يەنە: «يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى، \v 26 بىز جاۋابەن: «بىز شۇ يەرگە قايتىدىن چۈشەلمەيمىز؛ ئەگەر كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولسا، ئۇنداقتا بارىمىز؛ چۈنكى كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»، دېدۇق.\f □ \fr 44:26 \ft \+bd «ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شۇ كىشىنىڭ يۈزىنى قايتىدىن كۆرەلمەيمىز».\f* \m \v 27 سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بىزگە يەنە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. \v 28 بىرى مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى؛ مەن: ئۇ جەزمەن تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرمىدىم.\x + \xo 44:28 \xt يار. 37‏:33. \x* \v 29 ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى.\x + \xo 44:29 \xt يار. 42‏:38. \x* \v 30 ئەمدى مەن سىلىنىڭ قۇللىرى مېنىڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، شۇ بالا بىز بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ جېنى بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا، \v 31 شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. \v 32 چۈنكى مەنكى كەمىنىلىرى ئاتامغا بۇ يىگىت ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي» دېگەنىدىم.\x + \xo 44:32 \xt يار. 43‏:9. \x* \v 33 شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە! \m \v 34 چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى. \b \b \m \c 45 \s1 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى \m \v 1‏-2 يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ــ ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن \add تېزلا\add* خەۋەر تاپتى.\f □ \fr 45:1‏-2 \ft \+bd «مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن تېزلا خەۋەر تاپتى»\+bd* ــ ياكى «مىسىرلىقلار، شۇنداقلا پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەر ئۇنى ئاڭلىدى».\f* \v 3 يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. \v 4 لېكىن يۈسۈپ ئۇلارنى: ــ قېنى، ماڭا يېقىن كېلىڭلار، دەپ چاقىرىدى. ئۇلار يېقىن كەلدى، ئۇ يەنە: ــ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن.\x + \xo 45:4 \xt يار. 37‏:28؛ زەب. 105‏:17؛ روس. 7‏:9، 13. \x* \v 5 ئەمدى مېنى مۇشۇ يەرگە سېتىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار؛ چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى.\x + \xo 45:5 \xt يار. 50‏:21،20،19. \x* \v 6 چۈنكى ھازىر زېمىندىكى ئاچارچىلىققا ئىككى يىل بولدى؛ لېكىن تېخى يەنە بەش يىلغىچە ھېچ تېرىلغۇمۇ بولمايدۇ، ئورمىمۇ بولمايدۇ. \v 7 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە دۇنيادا بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ بىر نىجاتلىق كۆرسىتىپ، سىلەرنىڭ تىرىك قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. \v 8 شۇنداق بولغانىكەن، مېنى مۇشۇ يەرگە ئەۋەتكۈچى سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرەۋنگە ئاتىنىڭ ئورنىدا قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىگە خوجا قىلىپ تىكلەپ، پۈتكۈل زېمىنغا باش ۋەزىر قىلىپ قويدى.\f □ \fr 45:8 \ft \+bd «ئاتىنىڭ ئورنىدا قىلىپ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم يۈسۈپنىڭ پىرەۋنگە چوڭ مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 9 ئەمدى تېزدىن ئاتامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئوغلۇڭ يۈسۈپ: «خۇدا مېنى پۈتكۈل مىسىرغا خوجا قىلىپ قويدى. سەن ھايال قىلماي، مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن؛ \v 10 سەن گوشەن يۇرتىدا تۇرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، نەۋرىلىرىڭ، قويلىرىڭ، كالىلىرىڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتلىرىڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسىلەر. \v 11 ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتىڭنى نامراتلىق بېسىۋالمىسۇن دەپ مەن سېنى شۇ يەردە باقىمەن؛ چۈنكى يەنە بەش يىل ئاچارچىلىق باردۇر»، دېدى، ــ دەڭلار. \m \v 12 ــ مانا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ۋە ئىنىم بىنيامىننىڭ كۆزلىرى سىلەرگە گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئۆز ئاغزىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىدۇ. \v 13 ئاتامغا مېنىڭ مىسىردىكى بۇ بارلىق شان-شەرىپىم ھەمدە سىلەرنىڭ بارلىق كۆرگىنىڭلار توغرىسىدا ئېيتىپ، ئاتامنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 45:13 \xt روس. 7‏:14. \x* \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىنيامىنغا ئېتىپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى؛ بىنيامىنمۇ ئۇنىڭ بوينىغا يۆلىنىپ يىغلىدى. \v 15 ئاندىن يۈسۈپ بارلىق قېرىندشالىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئاندىن قېرىندشالىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. \m \v 16 يۈسۈپنىڭ قېرىندشالىرى كەلدى، دېگەن خەۋەر پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈلدى؛ بۇ پىرەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە قۇتلۇق ئىش بولدى. \v 17 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ قېرىنداشلىرىڭغا: ــ «سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار؛ ئۇلاغلىرىڭلارغا يۈك ئارتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىپ، \v 18 ئاتاڭلار ۋە جەمەتىڭلارنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار؛ مەن مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل يەرلەرنى سىلەرگە بېرەي؛ سىلەر بۇ زېمىندىن چىققان نازۇ-نېمەتلەردىن يەيسىلەر» ــ دېگىن. \v 19 ساڭا بولغان ئەمرىم شۇكى، سەن ئۇلارغا: «بالىلىرىڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن ھارۋىلارنى ئېلىپ بېرىڭلار. شۇنىڭدەك ئاتاڭلارنىمۇ بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ كېلىڭلار. \v 20 پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل جايلار سىلەرنىڭكى بولغاچقا، ئۆز سەرەمجانلىرىڭلارغا كارىڭلار بولمىسۇن» دەپ بۇيرۇغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 45:20 \ft \+bd «ئۆز سەرەمجانلىرىڭلارغا كارىڭلار بولمىسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭلار سەرەمجانلىرىڭلارغا ھەسرەت چەكمىسۇن».\f* \m \v 21 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى شۇنداق قىلدى؛ يۈسۈپ پىرەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارغا ھارۋىلارنى بېرىپ، يولى ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بەردى. \v 22 ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قۇر كىيىم بەردى؛ لېكىن بىنيامىنغا بولسا ئۇ ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە، بەش قۇر كىيىم بەردى. \v 23 ئۇ ئاتىسىغىمۇ شۇ ھەدىيەلەرنى، يەنى مىسىرنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى ئارتىلغان ئون ھاڭگا ئېشەك ھەمدە ئاشلىق، نان ۋە ئاتىسىغا يول تەييارلىقى ئارتىلغان ئون مادا ئېشەكنى ئەۋەتتى. \v 24 ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىپ، ئۇلارغا: ــ يولدا جېدەللەشمەڭلار، دەپ جېكىلىدى. ئۇلار يولغا راۋان بولدى.\f □ \fr 45:24 \ft \+bd «يولدا جېدەللەشمەڭلار»\+bd* ــ بۇ نەسىھەتنى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزىنى مىسىرغا سېتىۋەتكەنلىكى توغرۇلۇق بىر-بىرىنى يەنە ئەيىبلىشىدىن ئەنسىرەپ ئېيتقان بولسا كېرەك.\f* \v 25 ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانائان زېمىنىغا ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا بېرىپ، \v 26 ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى. \m \v 27 لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دېگەندە، شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇپنىڭ روھىغا جان كىردى. \v 28 ئىسرائىل شۇنىڭ بىلەن: ــ ئەمدى ئارمىنىم يوق! ئوغلۇم يۈسۈپ تېخى ھاياتتۇر! مەن ئۆلمەستە بېرىپ ئۇنى كۆرۈۋالاي، ــ دېدى. \b \b \m \c 46 \s1 ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا مېڭىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. \v 2 كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى.\f □ \fr 46:2 \ft \+bd «ياقۇپ، ياقۇپ»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىشى خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن.\x + \xo 46:3 \xt يار. 13‏:16؛ 16‏:10؛ 17‏:2؛ 22‏:17؛ 26‏:24؛ 28‏:13؛ 32‏:9؛ 35‏:11؛ 48‏:4. \x* \v 4 مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 46:4 \ft \+bd «يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، يۈسۈپ ياقۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ. «مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن» دېگەن يۇقىرىقى سۆزلەر شۈبھىسىزكى، ياقۇپ قانائان زېمىنىدا دەپنە قىلىنىپلا قالماي، بەلكى قانائان زېمىنىدا ئاخىرقى زاماندا تىرىلىدۇ، دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 46:4 \xt چۆل. 20‏:15؛ قان. 10‏:22؛ يە. 24‏:4، 5، 6؛ زەب. 105‏:23، 24؛ يەش. 52‏:4؛ ھوش. 11‏:1. \x* \m \v 5 ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، \x + \xo 46:5 \xt روس. 7‏:15. \x* \v 6‏-7 چارپايلىرى بىلەن قانائان زېمىنىدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ بىلەن بارلىق ئەۋلادلىرى مىسىرغا كەلدى؛ ئوغۇللىرىنى، ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرىنى، قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، نەسىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. \m \v 8 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛\x + \xo 46:8 \xt مىس. 1‏:2؛ 6‏:13؛ چۆل. 26‏:5؛ 1تار. 4-8. \x* \v 9 رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى. \m \v 10 شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل.\f □ \fr 46:10 \ft \+bd «سائۇل»\+bd* ــ ياكى «شائۇل».\f*  \x + \xo 46:10 \xt مىس. 6‏:15؛ 1تار. 4‏:24. \x* \m \v 11 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى.\x + \xo 46:11 \xt 1تار. 5‏:27. \x* \m \v 12 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى.\x + \xo 46:12 \xt يار. 38‏:3، 4، 5؛ 1تار. 2‏:5. \x* \m \v 13 ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون.\f □ \fr 46:13 \ft \+bd «پۇئاھ»\+bd* ــ ياكى «پۇۋاھ». «چۆل.» 23:36نى كۆرۈڭ. \+bd «يوب»\+bd* ــ ياكى «ياشۇب».\f* \m \v 14 زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل. \m \v 15 بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى. \m \v 16 گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى.\x + \xo 46:16 \xt 1تار. 5‏:11. \x* \m \v 17 ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى.\x + \xo 46:17 \xt 1تار. 7‏:30. \x* \m \v 18 بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى.\x + \xo 46:18 \xt يار. 29‏:24. \x* \m \v 19 ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن. \m \v 20 يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى.\x + \xo 46:20 \xt يار. 41‏:50؛ 48‏:5. \x* \m \v 21 بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد.\f □ \fr 46:21 \ft \+bd «بېلاھ»\+bd* ــ ياكى «بېلا».\f*  \x + \xo 46:21 \xt 1تار. 7‏:6؛ 8‏:1. \x* \m \v 22 بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى. \m \v 23 داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم. \m \v 24 نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم.\x + \xo 46:24 \xt 1تار. 7‏:13. \x* \m \v 25 بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى.\x + \xo 46:25 \xt يار. 29‏:29. \x* \m \v 26 ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى. \m \v 27 يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى.\x + \xo 46:27 \xt قان. 10‏:22؛ روس. 7‏:14. \x* \b \m \s1 ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مىسىرغا يېتىپ كېلىشى \m \v 28 ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى.\f □ \fr 46:28 \ft \+bd «ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرى گوشەنگە بېرىشتىن ئاۋۋال يەھۇدانى يۈسۈپكە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى».\f* \v 29 يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى. \v 30 ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى.\f □ \fr 46:30 \ft \+bd «ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆلسەم بولىدۇ».\f* \m \v 31 ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛ \v 32 بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي. \v 33 شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا، \v 34 سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ.\f □ \fr 46:34 \ft \+bd «چۈشۈنمە»\+bd* ــ شۇ گېپى بىلەن يۈسۈپ: (1) ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىسىر ئىقتىسادىغا يۈك بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى باقالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى؛ (2) ئۇلارنىڭ گوشەن دېگەن چەت رايوندا تۇرۇشىنى بېكىتمەكچى. \fp شۇنداق بولغاندا، ئىسرائىل خەلقى مىسىرلىقلار بىلەن ئانچە ئاسسىمىلىياتسىيە بولمايدۇ، شۇنداقلا مىسىردىن قېچىش كېرەك بولسا، گوشەن يۇرتى قانائان زېمىنىغا بىرقەدەر يېقىنراق ئىدى.\f*  \x + \xo 46:34 \xt يار. 43‏:32؛ مىس. 8‏:22. \x* \b \b \m \c 47 \m \v 1 يۈسۈپ پىرەۋننىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ قانائان زېمىنىدىن كەلدى. مانا، ئۇلار ھازىر گوشەن يۇرتىغا چۈشتى، دەپ خەۋەر بېرىپ،\x + \xo 47:1 \xt يار. 45‏:10. \x* \v 2 قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن بەشەيلەننى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. \v 3 پىرەۋن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: ــ نېمە ئوقىتىڭلار بار، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مال باققۇچىلارمىز، ــ دېدى.\x + \xo 47:3 \xt يار. 46‏:34. \x* \m \v 4 ئاندىن ئۇلار پىرەۋنگە ئىلتىماس قىلىپ: ــ قانائان زېمىنىدا قاتتىق قەھەتچىلىك بولغاچقا، كەمىنىلىرىنىڭ قويلىرىمىزنى باقىدىغانغا يايلاقمۇ يوق؛ شۇڭا بۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشقا كەلدۇق؛ جانابلىرىدىن تەلەپ قىلىمىزكى، كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن يۇرتىدا تۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ــ دېدى. \m \v 5 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭ قېشىڭغا كەلدى؛ \v 6 مانا مىسىر زېمىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭنى زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدە ئولتۇرغۇزغىن؛ ئۇلار گوشەن يۇرتىدا ماكان قىلسۇن. شۇنىڭدەك، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قابىل كىشىلەرنى بىلسەڭ، بۇلارنى مېنىڭ چارپايلىرىمغا نازارەتچى قىلغىن، ــ دېدى. \m \v 7 كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى؛ ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلىدى. \m \v 8 ئاندىن پىرەۋن ياقۇپتىن: ــ ئۆمرۈڭنىڭ يىل-كۈنلىرى نەچچىگە يەتتى؟ ــ دەپ سورىدى. \v 9 ياقۇپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ مۇساپىرلىق سەپىرىمنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز ئوتتۇز يىلغا يەتتى؛ ئۆمرۈمنىڭ كۈنلىرى ئاز ھەم جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مۇساپىرلىق ئۆمۈر سەپىرىنىڭ كۈنلىرىگە تېخى يەتمىدى، ــ دېدى.\x + \xo 47:9 \xt زەب. 119‏:19؛ ئىبر. 11‏:13،9. \x* \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. \v 11 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويدى؛ پىرەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدىن، يەنى رامسەس دېگەن يۇرتتىن تەۋەلىك بەردى. \v 12 يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى. \b \m \s1 يۈسۈپنىڭ دانا ھۆكۈمرانلىقى \m \v 13 ئەمما ئاچارچىلىق قاتتىق ئېغىر بولغاچقا، زېمىننىڭ ھېچ يېرىدە ئوزۇق-تۈلۈك تېپىلمىدى؛ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنى ئاچارچىلىقتىن خاراپلىشىپ كەتتى. \v 14 يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى بارلىق پۇلنى يىغىۋالدى. ئاندىن يۈسۈپ بۇ پۇلنى پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. \v 15 ئەمما مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى پۇل تۈگەپ كەتكەندە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ بىزگە نان بەرگەيلا! پۇل تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئۆلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 16 يۈسۈپ جاۋابەن: ــ پۇلۇڭلار قالمىغان بولسا، چارپايلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭلار، مەن ماللىرىڭلارىغا ئوزۇق-تۈلۈك تېگىشىپ بېرىمەن، ــ دېدى. \m \v 17 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارپايلىرىنى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگىلى تۇردى؛ يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، قوي پادىلىرى، كالا پادىلىرى ۋە ئېشەكلىرىنىڭ ئورنىغا ئوزۇق-تۈلۈك بەردى؛ شۇ يىلى ماللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ باقتى. \v 18 ئۇ يىل ئاياغلىشىپ، ئۇلار ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ بىز خوجىمىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمىز؛ پۇلىمىز تۈگىدى، چارپاي مال پادىلىرىمىز بولسا خوجىمىزنىڭ ئىلكىدە، خوجىمىزنىڭ ئالدىدا تەنلىرىمىز بىلەن يېرىمىزدىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى. \v 19 نېمىشقا كۆز ئالدىلىرىدا بىز ھەم يېرىمىزمۇ ئۆلۈپ كەتسۇن؟ ئەمدى سىلى ئۆزىمىز ۋە يېرىمىزنى ئوزۇق-تۈلۈككە تېگىشىپ ئېلىۋالغايلا؛ ئۆزىمىز ۋە يېرىمىز پىرەۋننىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇل بولايلى. بىز ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك تۇرۇشىمىز، يېرىمىزمۇ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن بىزگە ئۇرۇق-تۈلۈك بەرگەيلا، دېدى. \m \v 20 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تېرىلغۇ يېرىنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى؛ چۈنكى ئاچارچىلىق قاتتىق بولغاچقا، مىسىرلىقلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېتىزىنى سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن پىرەۋننىڭ بولۇپ قالدى. \v 21 يۈسۈپ خەلقنى مىسىرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە كۆچۈردى.\f □ \fr 47:21 \ft \+bd «چۈشەنمە»\+bd* ــ خەلقلەرنىڭ يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كۆچۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى: (1) تۇپراقتا گىيا ئۈنمەس بولۇپ قالغاچقا، خەلقنىڭ شۇ يەردە تۇرۇۋېرىشىنىڭ پايدىسى يوق ئىدى؛ (2) خەلق شەھەردە تۇرسا ئۇلارغا «قۇتقۇزۇش ئاشلىقى» تارقىتىپ بېرىشكە قولايلىق بولاتتى. بۇ ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ، كېيىن يۈسۈپ ئۇلارغا ئۇرۇق بەرگەندە (23-ئايەت) خەلق بەلكىم ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقان بولۇشى مۇمكىن. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ خەلقنى مىسىرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قۇللۇقىغا كىرگۈزدى».\f* \v 22 پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىنى ئۇ ئالمىدى؛ چۈنكى كاھىنلارغا پىرەۋن تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىنات بېرىلگەچكە، ئۇلار پىرەۋن تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۈلۈشىنى يەپ، ئۆز يەرلىرىنى ساتمىغانىدى. \m \v 23 يۈسۈپ خەلققە: ــ مانا، مەن بۈگۈن ئۆزۈڭلار بىلەن يەرلىرىڭلارنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى يەر تېرىڭلار. \v 24 ئەمدى شۇنداق قىلىسىلەركى، چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى پىرەۋنگە بېرىپ، قالغان تۆت قىسمىنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ قېلىڭلار؛ ئۇ ئۇرۇقلۇق ھەمدە ئۆزۈڭلارغا، جۈملىدىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن، ــ دېدى. \m \v 25 ئۇلار جاۋابەن: ــ سىلى جېنىمىزنى قۇتقۇزدىلا. خوجىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولساقلا، پىرەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ تۇرايلى، ــ دېدى. \m \v 26 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ: ــ «ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرى پىرەۋنگە بېرىلسۇن» دەپ بۇ ئىشنى بۈگۈنگە قەدەر مىسىر زېمىنى ئۈچۈن قانۇن-بەلگىلىمە قىلدى. پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پىرەۋنگە تەۋە بولمىدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ ئاخىرقى تەلىپى \m \v 27 ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدا، گوشەن ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ جايدا يەر-زېمىنلىك بولۇپ، ئاۋۇپ، تولىمۇ كۆپەيدى. \v 28 ياقۇپ مىسىر زېمىنىدا ئون يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى؛ بۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ ئۆمۈر كۈنلىرى بىر يۈز قىرىق يەتتە يىلغا يەتتى. \v 29 ئىسرائىلنىڭ كۈنلىرى سەكراتقا يېقىنلاشقاندا، ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا شاپائەت ۋە ساداقەتلىكنى كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلما؛\x + \xo 47:29 \xt يار. 24‏:2. \x* \v 30 بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىم بىلەن ياتىدىغان ۋاقتىمدا مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ گۆرىستانىغا دەپنە قىلغىن، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئېيتقىنىڭدەك قىلاي، ــ دېدى. \m \v 31 ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى؛ ئاندىن ئىسرائىل كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى.\f □ \fr 47:31 \ft \+bd «ئىسرائىل كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى»\+bd* ــ كونا گرېكچە تەرجىمىسى (LXX)دە «ئۇ (ئىسرائىل) ھاسىسىغا يۆلىنىپ خۇداغا سەجدە قىلدى» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە ئىككى مەنىسى بولۇشى مۇمكىن («ئىبر.» 21:11نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 47:31 \xt ئىبر. 11‏:21. \x* \b \b \m \c 48 \s1 ياقۇپنىڭ ئەفرائىم ۋە ماناسسەھكە خەيرلىك دۇئا قىلىشى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. \v 2 بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. \m \v 3 ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ\x + \xo 48:3 \xt يار. 17‏:1. \x* \v 4 ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى.\x + \xo 48:4 \xt يار. 28‏:3؛ 35‏:11. \x* \v 5 ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ.\f □ \fr 48:5 \ft \+bd «ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ»\+bd* ــ كېيىن ماناسسەھ ۋە ئەفرائىمدىن بولغان قەبىلىلەر ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن ئىككىسى ھېسابلاندى.\f*  \x + \xo 48:5 \xt يار. 41‏:50؛ 46‏:20. \x* \v 6 ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ.\f □ \fr 48:6 \ft \+bd «ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئەگەر يۈسۈپنىڭ كېيىن ئوغۇللىرى بولسا، ماناسسەھنىڭ قەبىلىسى ياكى ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىپ، شۇ قەبىلىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېگىشلىك مىراس ئالالايتتى.\f* \v 7 ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى.\f □ \fr 48:7 \ft \+bd «مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى»\+bd* ــ ياكى «مېنى ھەسرەتكە قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى». \+bd «مەن ئۇنى (راھىلەنى) شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم»\+bd* ــ راھىلە يۈسۈپنىڭ ئۆز ئانىسى، ئەلۋەتتە. بەلكىم ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق تەپسىلاتلار ئۇنىڭ ئېسىدە ئانچە قالمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f*  \x + \xo 48:7 \xt يار. 35‏:19. \x* \m \v 8 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى. \m \v 9 يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى. \m \v 10 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ \add ياخشى\add* كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. \v 11 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى. \m \v 12 يۈسۈپ بالىلارنى \add ياقۇپنىڭ\add* تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.\f □ \fr 48:12 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ».\f* \v 13 ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. \v 14 لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. \v 15 ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا،\x + \xo 48:15 \xt ئىبر. 11‏:21. \x* \v 16 ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى.\f □ \fr 48:16 \ft \+bd «ھەمجەمەت بولۇپ ... قۇتقۇزغان...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە «گوئېل» دېگەن پېئىل تەۋراتتا بىرىنچى قېتىم ئىشلىتىلىدۇ. «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 48:16 \xt يار. 31‏:42؛ 32‏:1. \x* \m \v 17 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ،\f □ \fr 48:17 \ft \+bd «يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنى يۈسۈپنىڭ كۆزلىرىگە يامان ئىشتەك كۆرۈندى».\f* \v 18 ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى. \m \v 19 لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى.\x + \xo 48:19 \xt رۇت 4‏:12،11. \x* \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى.\x + \xo 48:20 \xt يەر. 31‏:20. \x* \m \v 21 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. \v 22 مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم.\f □ \fr 48:22 \ft \+bd «مەن ساڭا ... بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم»\+bd* ــ دېگەن سۆزلەرنىڭ يەنە مۇمكىن بولغان ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) «ساڭا... ئاشۇ «ياغلىق رايون» (كۆپ زەيتۇن مېيىنى چىقىدىغان زېمىن)نى تەقدىم قىلدىم،...» ياكى (2) «ساڭا... شەكەم دېگەن يەرنى ... تەقدىم قىلدىم» (34-بابنى كۆرۈڭ). ئەمەلىيەتتە ئۈچ مەنە ئوخشاشلا توغرا بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 48:22 \xt يە. 13‏:7؛ 16‏:1؛ 17‏:1؛ 24‏:8. \x* \b \b \m \c 49 \s1 ياقۇپنىڭ ۋەسىيىتى ــ ئوغۇللىرىغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەتلىرى ۋە بەرگەن بېشارەتلىرى \m \v 1 ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ \add ھەممىڭلار\add* جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ \m \v 2 يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛ \m ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار. \m \v 3 ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، \m كۈچ-قۇدرىتىمسەن، \m كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، \m سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ،\x + \xo 49:3 \xt يار. 29‏:32؛ قان. 21‏:17؛ زەب. 78‏:51. \x* \m \v 4 لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، \m ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ \m سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، \m شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! \m ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!\f □ \fr 49:4 \ft \+bd «ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!»\+bd* ــ رۇبەننىڭ ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىللە ياتقىنىنى كۆرسىتىدۇ (22:35). \fp ياقۇپنىڭ بۇ ئۇلۇغ بېشارەتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تەپسىلىيرەك توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 49:4 \xt يار. 35‏:22؛ 1تار. 5‏:1. \x* \m \v 5 شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ \m ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر! \f □ \fr 49:5 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر!»\+bd* ــ 25:34-31-نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 6 ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن! \m ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي! \m چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، \m ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى.\x + \xo 49:6 \xt يار. 34‏:25. \x* \m \v 7 ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! \m غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! \m مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، \m ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن.\f □ \fr 49:7 \ft \+bd «تارقىتىۋېتىمەن،... چېچىۋېتىمەن»\+bd* ــ ياقۇپ پەيغەمبەر بولغاچقا ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزلىرى خۇدانىڭ سۆزىگە باراۋەر بولىدۇ. بۇ سۆزنى خۇدا ئۆزى ياقۇپنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 49:7 \xt يە. 19‏:1؛ 21‏:3-45. \x* \m \v 8 ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر، \m قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار. \m ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار،\f □ \fr 49:8 \ft \+bd «سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «يەھۇدا» دېگەننىڭ مەنىسى «تەرىپلەش» ياكى «مەدھىيە»دۇر (35:29نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ \m ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ \m ئۇ شىردەك \add ئوۋنىڭ يېنىدا\add* چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، \m ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، \m كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟\f □ \fr 49:9 \ft \+bd «سەن ئوۋ تۇتۇپلا چىقتىڭ»\+bd* ــ بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، يەھۇدانىڭ كەلگۈسىدە تولۇق غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شىردەك چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا» دېگەن سۆزلەرگە «ئوۋنىڭ يېنىدا» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ كىرگۈزدۇق؛ چۈنكى بىزنىڭچە بۇ جۈملە ئالدىنقى جۈملە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. دېمەك، يەھۇدا غەلىبە قىلىپلا قالماي، بەلكى غەلىبىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىمالال ھۇزۇرلىنىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. يەھۇدا مەسىھنىڭ ئەجدادى بولغاچقا، مۇشۇ سۆزلەر مەسىھنىڭ ئۆزى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىناۋەتلىك بولۇشى كېرەك. \fp «ئۇ شىردەك ئوۋنىڭ يېنىدا چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا،...» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ شىردەك ياكى چىشى شىردەك ماراشقا يېتىۋالسا،...».\f*  \x + \xo 49:9 \xt چۆل. 24‏:9؛ مىك. 5‏:7. \x* \m \v 10 شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، \m يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، \m تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ \m كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.\f □ \fr 49:10 \ft \+bd «يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھۇدانىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن» ــ دېمەك، ئۇنىڭ نەسلىدىن، پۇشتىدىن. \+bd «قانۇن چىقارغۇچى»\+bd* ــ ياكى «ئىدارە قىلغۇچىنىڭ تۇتقان تايىقى». \+bd «شۇ ھوقۇق ئىگىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شىلوھ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ بېشارەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 49:10 \xt مات. 2‏:6. \x* \m \v 11 ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا، \m ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار. \m ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، \m تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار.\f □ \fr 49:11 \ft \+bd «شارابتا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈزۈم قېنىدا». \+bd «ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار، ... لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدا قەبىلىسى شۇنچە باي بولىدۇكى، تەخەينى ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلىغا باغلايدۇ، تەخەينىڭ ئۇنى تارتىپ يۇلۇۋېتىشىدىن ياكى ئۇنى يەپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ ۋە خالىسا كىيىمىنى يۇغاندا سۇنىڭ ئورنىدا شاراب ئىشلىتىدۇ.\f* \m \v 12 ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، \m چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار.\f □ \fr 49:12 \ft \+bd «قىزىرىپ كېتەر»\+bd* ــ ياكى «نۇرلىنار».\f* \m \v 13 زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار، \m ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار، \m يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار.\x + \xo 49:13 \xt يە. 19‏:11،10. \x* \m \v 14 ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر، \m ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛ \m \v 15 ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، \m زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، \m يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، \m ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار.\f □ \fr 49:15 \ft \+bd «ئارامگاھ»\+bd* ــ بەلكىم خۇدا ئۆزىگە ۋەدە قىلغان مىراس زېمىنىنىڭ ياخشى بىر قىسمىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 16 دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار، \m ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار.\f □ \fr 49:16 \ft \+bd «دان»\+bd* ــ بۇ نامنىڭ مەنىسى «ھۆكۈم» ياكى «ھۆكۈم چىقارغۇچى» ياكى «سوتچى».\f* \m \v 17 دان يول ئۈستىدىكى يىلان، \m چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر. \m ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ، \m ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار. \m \v 18 ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم! \b \m \v 19 گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛ \m لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر.\f □ \fr 49:19 \ft \+bd «گاد»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گاد»نىڭ مەنىسى «قوشۇن» ياكى «ھۇجۇم».\f* \m \v 20 ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار، \m ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر.\f □ \fr 49:20 \ft \+bd «ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار»\+bd* ــ ياكى «ئاشىرنىڭ يېرىدىن مول ئاشلىق چىقار».\f* \m \v 21 نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، \m ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر. \m \v 22 يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر، \m بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛ \m ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر.\f □ \fr 49:22 \ft \+bd «دەرەخنىڭ شېخى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردە «مېۋىلىك دەرەخنىڭ بالىسى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىككى جۈملە ئىچىدىكى «مېۋىلىك» دېگەن سۆز «ئەفرائىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى «ئەفرائىم» دېگەننىڭ مەنىسى «ئىككى ھەسسە مېۋىلىك». \+bd «ئۇنىڭ شاخچىلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ قىزلىرى».\f*  \x + \xo 49:22 \xt 1تار. 5‏:1. \x* \m \v 23 يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ، \m ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى.\x + \xo 49:23 \xt يار. 50‏:20. \x* \m \v 24 ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، \m قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، \m شۇ \add كۈچ\add* ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ \m (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!)\f □ \fr 49:24 \ft \+bd «ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!»\+bd* ــ دېمەك، «ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى»، «ئۇنىڭ ھەقىقىي پادىچىسى»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ خۇدانىڭ ئۆزىدىن چىقىسۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «(يەنى ئىسرائىلنىڭ قورام تېشىدىن، ئۇنىڭ پادىچىسىدىندۇر)».\f* \m \v 25 \add ئاشۇ كۈچ\add* ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) \m \add يەنى\add* ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! \m يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، \m تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، \m ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر!\f □ \fr 49:25 \ft \+bd «ھەممىگە قادىر»\+bd* ــ خۇدانىڭ بىر نامىدۇر.\f* \m \v 26 سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى، \m ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر، \m ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر، \m يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر.\f □ \fr 49:26 \ft \+bd «ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغلارنىڭ بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى». \+bd «ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ...»\+bd* ــ ياكى «ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ئەمىر بولغۇچىنىڭ...».\f*  \x + \xo 49:26 \xt قان. 33‏:16\x* \m \v 27 بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛ \m ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر، \m كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى. \m \v 28 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. \b \m \s1 ياقۇپنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئاخىرقى ۋەسىيىتى \m \v 29 ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ \v 30 ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.\x + \xo 49:30 \xt يار. 23‏:16،9. \x* \v 31 شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم.\x + \xo 49:31 \xt يار. 25‏:9؛ 35‏:29؛ روس. 7‏:16. \x* \v 32 بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى». \m \v 33 ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى.\x + \xo 49:33 \xt روس. 7‏:15. \x* \b \b \m \c 50 \s1 ياقۇپنىڭ دەپنە قىلىنىشى \m \v 1 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. \v 2 ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى.\f □ \fr 50:2 \ft \+bd «مۇمىيا قىلىش»\+bd* ــ ئادەمنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. مىسىردا ئالاھىدە مۇمىيا قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بار ئىدى؛ لېكىن ئۇ كىشىلەر مۇمىيا قىلغاندا كۆپ بۇتپەرەسلىك مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزەتتى، شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئىشلەتمەي، بەلكى ئۆز تېۋىپلىرىنى شۇ ئىشقا بۇيرۇدى.\f* \v 3 بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى. \m \v 4‏-5 ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى.\x + \xo 50:4‏-5 \xt يار. 47‏:29. \x* \m \v 6 پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى. \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. \v 8 يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى. \v 9 ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى. \m \v 10 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى. \v 11 شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر.\f □ \fr 50:11 \ft \+bd «ئابەل-مىزرائىم»\+bd* ــ مەنىسى: «مىسىرلىقلارنىڭ ماتىمى» ۋە «مىسىرلىقلارنىڭ ئېتىزلىقى» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە» ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە.\f* \m \v 12 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛ \v 13 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.\x + \xo 50:13 \xt يار. 23‏:16؛ روس. 7‏:16،15. \x* \v 14 يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى. \b \m \s1 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى \m \v 15 لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى. \m \v 16 ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ \v 17 «سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى. \m \v 18 ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى. \m \v 19 لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟\x + \xo 50:19 \xt يار. 45‏:5. \x* \v 20 سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى. \v 21 شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى. \b \m \s1 يۈسۈپنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى \m \v 22 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. \v 23 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.\f □ \fr 50:23 \ft \+bd «ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى»\+bd* ــ دېگەن ئىبارە بەلكىم: (1) يۈسۈپ مۇشۇ چەۋرىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىدەك قارايتتى؛ (2) مۇشۇ چەۋرىلىرى يۈسۈپنىڭ بىۋاسىتە مىراسخورى قىلىندى.\f*  \x + \xo 50:23 \xt چۆل. 32‏:39. \x* \v 24 يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 50:24 \ft \+bd «خۇدانىڭ يوقلىشى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بۇ پېئىل خۇدا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 50:24 \xt ئىبر. 11‏:22. \x* \m \v 25 ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى.\f □ \fr 50:25 \ft \+bd «يوقلاش»\+bd* ــ توغرۇلۇق 24-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 50:25 \xt مىس. 13‏:19؛ يە. 24‏:32. \x* \m \v 26 يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى.