\id GAL \h گالاتىيالىقلارغا \toc1 گالاتىيالىقلارغا \toc2 گالاتىيالىقلارغا \toc3 گال. \mt1 گالاتىيالىقلارغا \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە يازغان مەكتۇپ •••• سالاملار \m \v 1 مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن)\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا...»\+bd* ــ «ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ــ گرېك تىلىدا: «ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى».\f* \v 2 ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام. \v 3 خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\x + \xo 1:3 \xt رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \v 4 ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛\x + \xo 1:4 \xt مات. 20‏:28؛ گال. 2‏:20؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14؛ ئىبر. 9‏:14. \x* \v 5 خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! \b \m \s1 بىردىنبىر خۇش خەۋەر \m \v 6 سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! \v 7 ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس.\x + \xo 1:7 \xt روس. 15‏:1. \x* \v 8 لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!\x + \xo 1:8 \xt 2كور. 11‏:4. \x* \v 9 بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! \m \v 10 مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟»\+bd* ــ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئۆزى بېكىتىپ ئەۋەتكەن، ئەلۋەتتە. «خۇش خەۋەر»نى ئۆزگەرتىمەن، دەپ خام خىيال قىلغۇچىلار «خۇدانى ئىشەندۈرۈش»ى كېرەك! بىراق ۋەزىپىمىز ئادەملەرنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا ئىشەندۈرۈشتۇر. \+bd «مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ قۇلى» ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا «قۇل»نىڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بار ئىدى. ئىززەتلىك ئادەمنىڭ قۇلى بولۇشنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك ئىش.\f*  \x + \xo 1:10 \xt 1تېس. 2‏:4؛ ياق. 4‏:4. \x* \v 11 ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس. \x + \xo 1:11 \xt 1كور. 15‏:1. \x* \v 12 چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. \x + \xo 1:12 \xt ئ‍ەف. 3‏:3. \x* \v 13 چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدائىزم». \+bd «ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ...»\+bd* ــ ياكى «تاشقىن قىزغىنلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ...».\f*  \x + \xo 1:13 \xt روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ فىل. 3‏:6؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 14 ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم. \m \v 15‏-16 ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي، \f □ \fr 1:15‏-16 \ft \+bd «خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە...»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللىكلەر»، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:15‏-16 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ مات. 16‏:17؛ روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8. \x* \v 17 ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم. \v 18 ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم»\+bd* ــ «پېترۇس» روسۇل پېترۇس (باشقا ئىسمى «كېفاس»).\f* \v 19 ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم. \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئەيسانىڭ ئاز دېگەندە تۆت ئىنىسى بار ئىدى («مات.» 55:13).\f* \v 20 مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس! \x + \xo 1:20 \xt رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. \x* \v 21 كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. \v 22 ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى. \v 23 ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛ \v 24 شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى.\f □ \fr 1:24 \ft \+bd «شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇنىڭدەك ئۇلار مەندە خۇدانى ئۇلۇغلىدى».\f* \b \b \m \c 2 \s1 يېرۇسالېمدا تۇرغان روسۇللارنىڭ پاۋلۇسنى ئېتىراپ قىلىشى \m \v 1 يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن، مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن..»\+bd* ــ يەنى بەلكىم ئۇ مەسىھگە ئېتىقاد قىلغاندىن 14 يىل كېيىن. \+bd «مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم»\+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ «روس.» 2:15دە تىلغا ئېلىنغان سەپەر ئىدى. بەزى ئالىملار ئۇ زىيارەتنى «روس.» 30:11 ۋە 25:12دە تىلغا ئېلىنغان سەپەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 2:1 \xt روس. 15‏:2. \x* \v 2 مەن بىر ۋەھىيگە بىنائەن شۇ يەرگە بارغانىدىم؛ ۋە مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن \add يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ\add* ئالدىدا (ئەمەلىيەتتە پەقەت «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى»دەكلەرگە ئايرىم ھالدا) ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ... ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم»\+bd* ــ «بىكار چاپمىغىنىم» ۋە «بىكار چېپىۋاتقىنىم» دېگەن مەنىسى نېمە بولاتتى؟ پاۋلۇس ئۆزىنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلاش خىزمىتىنى «مېنىڭ چېپىشىم» ياكى «يۈگۈرۈشۈم» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ يەردە باشقا روسۇللار بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ يەتكۈزگەن «خۇش خەۋەر»نىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتى توغرۇلۇق خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىدى.\f*  \x + \xo 2:2 \xt روس. 19‏:21. \x* \v 3 نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى؛\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى»\+bd* ــ «يۇنانلىق» ياكى «گرېك» ــ يەنى يەھۇدى ئەمەس، شۇنىڭدەك خەتنە قىلىنغان كىشى ئەمەس.\f*  \x + \xo 2:3 \xt روس. 16‏:3؛ 1كور. 9‏:21. \x* \v 4 \add شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى»\add* بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «شۇ چاغدىكى «خەتنە مەسىلىسى» بولسا، ... يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى»\+bd* ــ بىزنىڭچە «شۇ چاغدىكى خەتنە مەسىلىسى» (گرېك تىلىدا «بۇ ئىش») يۇقىرىقى 3-ئايەتتە «ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى» دېيىلگەن ئىش بىلەن باغلىق. دېمەك، ئەينى چاغدا بەزى «يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار» «شۇ يات ئەللىك ئادەم خەتنە قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 2:4 \xt روس. 15‏:24. \x* \v 5 لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛ \v 6 لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق \add ئەربابلار\add* دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى \add خۇش خەۋەرگە\add* قوشقىنى يوق ئىدى.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەر...»\+bd* ــ پاۋلۇس بۇ سەل كىنايىلىكرەك كۆرۈنگەن گەپنى ئىشلىتىشى بىلەن باشقا روسۇللارغا ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى ئەمەس، بەلكى گالاتىيالىقلارغا (شۇنداقلا، بىزلەرگە!) ئىنسانلارنى خۇدادىن يۇقىرى قويماسلىق كېرەك، دەپ كۆرسەتمەكچى. \+bd «مۇشۇ ئابرۇيلۇق ئەربابلار دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى خۇش خەۋەرگە قوشقىنى يوق ئىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ماڭا ھېچنەرسە قوشمىدى».\f*  \x + \xo 2:6 \xt قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17. \x* \v 7 دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «خەتنە قىلىنغانلار» يەھۇدىيلارنى، «خەتنىسىزلەر» يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 8 (چۈنكى پېترۇسنى خەتنىلىكلەرگە روسۇللۇققا كۈچلەندۈرگۈچى بولسا، مېنىمۇ ئەللەرگە \add روسۇل بولۇشقا\add* كۈچلەندۈرگەنىدى)،\x + \xo 2:8 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:16؛ ئ‍ەف. 3‏:8. \x* \v 9 ماڭا ئاتا قىلىنغان شۇ مېھىر-شەپقەتنى تونۇپ يەتكەن «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى» ھېسابلانغان ياقۇپ، كېفاس ۋە يۇھاننالار بولسا، سىلەر ئەللەرگە بېرىڭلار، بىز خەتنىلىكلەرگە بارايلى دەپ بارناباس بىلەن ئىككىمىزگە ھەمدەملىك ئوڭ قولىنى بېرىشتى. \v 10 ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى؛ مەن دەل بۇ ئىشقا قىزغىن بولۇپ كېلىۋاتاتتىم.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، روسۇللارنىڭ پاۋلۇسقا «كەمبەغەللەر» توغرۇلۇق بولغان تەلىپى ئۆزلىرى ئارىسىدىكى، يېرۇسالېم جامائىتىدىكى كەمبەغەللەرنى تەكىتلەپ كۆرسەتمەكچى.\f*  \x + \xo 2:10 \xt روس. 11‏:30؛ 24‏:17؛ رىم. 15‏:25؛ 1كور. 16‏:1؛ 2كور. 8‏:1؛ 9‏:1. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيادا پېترۇسنى ئەيىبلىشى \m \v 11 بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. \v 12 چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ \add شۇ قېرىنداشلاردىن\add* ئۆزىنى تارتتى. \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى»\+bd* ــ «ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر» يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىي قېرىنداشلار ئىدى. \+bd «بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ شۇ قېرىنداشلاردىن ئۆزىنى تارتتى»\+bd* ــ «خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ..»: ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، مۇشۇ كىشىلەر: «يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك» دەپ ئويلىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا «كونا ئەھدە» بويىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ئەسلىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ يېمەكلىكلىرىنى يېيىشىگە، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولۇشقا بولمايتتى.\f* \v 13 ھەتتا باشقا يەھۇدىي \add قېرىنداشلار\add* ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. \v 14 ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» ــ دېدىم، \x + \xo 2:14 \xt روس. 10‏:28. \x* \v 15 ۋە يەنە: «بىز \add ئىككىمىز\add* تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز، \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز...»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ مۇشۇ «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر» دېگەن سۆزلىرى بىلەن پېترۇسقا يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆزقارىشىنى ياكى پوزىتىسيىسىنى ئەسلىتىدۇ. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىمۇ گۇناھكارلار، ئەلۋەتتە!\f* \v 16 لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز»\+bd* ــ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ: «قانۇندىكى ئەمەللەر بىلەن...» ياكى «قانۇنغا قارىتىلغان ئەمەللەر بىلەن» ياكى «قانۇندىن چىققان ئەمەللەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە «رىم.» 20:3، 28، «گال.» 2:3، 5، 10دىمۇ تېپىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى» ئۆزىنىڭ گۇناھقا پاتقان بىر گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس. \+bd «ئىنسان...بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ...»\+bd* ــ ياكى «ئىنسان ... بەلكى ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ...». \+bd «مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق»\+bd* ــ «بىزمۇ» ــ پاۋلۇس پېترۇسقا سۆز قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ سۆزى بىلەن ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:16 \xt روس. 13‏:38؛ رىم. 3‏:20،28؛ 8‏:3؛ گال. 3‏:11؛ ئىبر. 7‏:18. \x* \b \m \v 17 ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز! \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز!»\+bd* ــ «بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ» ــ ھەر ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىشەنسە، خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا بارلىق گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق.\f* \v 18 ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى \add تەۋرات قانۇنىغا\add* خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن»\+bd* ــ «غۇلاتقان نەرسىلەر» توغرۇلۇق: ــ بۇ ئەسلى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۆز رېئاللىقىغا ئاساسەن: «مېنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالىشىم قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىكەن» دەپ شۇ تىرىشىشنى تاشلاپ، مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش يولى بىلەن ھەققانىيلىققا ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئاندىن يەنە قايتىدىن تىرىشىپ، ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا قايتىدىن ئىنتىلسە، بەرىبىر ئۆزىنىڭ گۇناھكارلىقىنى ئىسپاتلاپ قوياتتى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 19 چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن. \f □ \fr 2:19 \ft \+bd «... چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىككى ئايەت (19-20) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. \fp «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاش» ــ بۇنىڭ بەلكىم ئۈچ مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن؛ (1) خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ياشاش؛ (2) خۇداغا پۈتۈنلەي تايىنىپ ياشاش (شۇنداق قىلغاندا ئۆلۈم بولمايدۇ)؛ (3) خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ياشاش. روسۇل بەلكىم ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يېڭى ھاياتىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي نىيەتلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان» بولۇشى كېرەك، دېمەكچى بولىدۇ («رىم.» 10:6-11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:19 \xt رىم. 7‏:4؛ 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ 1تېس. 5‏:10؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 4‏:2. \x* \v 20 مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر. \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، ... خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا... خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقاد بىلەن». ئۆزىمىزنىڭ تەرجىمىمىز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:20 \xt گال. 1‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14. \x* \v 21 مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى.\f □ \fr 2:21 \ft \+bd «مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى»\+bd* ــ ئەگەر ئادەملەر تىرىشىپ-تىرمىشىپ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالىغان ياكى قىلالايدىغان بولسا، شۇنداقلا ئۆزىنى ھەققانىي ئادەم دەپ ئىسپاتلىسا، نېمىشقا ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلدى؟ ئۇنداق بولغاندا ئىنسانلار گۇناھلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە موھتاج بولمىغان بولاتتى؛ يەنى، مەسىھنىڭ ئادەمنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ نىجات يولىنى ئېچىش ئۈچۈن بولغان ئۆلۈشى بىكار بولاتتى (مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ئەسلى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى؛ بۇ تارىختا ئەڭ كارامەت، ئالەمشۇمۇل ئاجايىب ۋەقە ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى ««ھايات ئۆزۈمدۈرمەن»، «تىرىلىش ئۆزۈمدۈرمەن» دېگەنىدى؛ «ھايات» بولغۇچى قانداقمۇ ئۆلسۇن؟).\f*  \x + \xo 2:21 \xt ئىبر. 7‏:11. \x* \b \b \m \c 3 \s1 تەۋرات قانۇنى ۋە ئىمان-ئېتىقاد \m \v 1 ئى ئەقىلسىز گالاتىيالىقلار، كۆز ئالدىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئېنىق سۈرەتلەنگەن، ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن، كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن ئازدۇرۇپ سېھىرلىدى؟\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ئى ئەقىلسىز گالاتىيالىقلار، كۆز ئالدىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئېنىق سۈرەتلەنگەن، ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن، كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن ئازدۇرۇپ سېھىرلىدى»\+bd* ــ «ئەيسا مەسىھ ... ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق ئىككى كۆزقاراش بار. (1) پاۋلۇس خۇش خەۋەردە ئەيسا توغرۇلۇق پاكىتلارنى شۇنچە ئېنىق يەتكۈزۈپ جاكارلىغاچقا، ئاڭلىغۇچىلار «نەق مەيداندا تۇرغاندەك، ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغاندەك» بولغانلىقىنى ياكى: (2) پاۋلۇسنىڭ كېچە-كۈندۈز ئۆز ھاياتى ئارقىلىق مەسىھنىڭ كرېستلەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (16:1، 20:2نى كۆرۈڭ). بىزنىڭچە ئىككىلا كۆزقاراش توغرا.\f*  \x + \xo 3:1 \xt گال. 5‏:7. \x* \v 2 مەن پەقەت شۇنىلا سىلەردىن سوراپ بىلەيكى: ــ سىلەر روھنى تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ، ياكى \add خۇش خەۋەرنى\add* ئاڭلاپ، ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «سىلەر روھنى تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ، ياكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟»\+bd* ــ «روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 سىلەر شۇنچە ئەقىلسىزمۇ؟ روھقا تايىنىپ \add ھاياتنى\add* باشلىغانىكەنسىلەر، ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «سىلەر شۇنچە ئەقىلسىزمۇ؟ روھقا تايىنىپ ھاياتنى باشلىغانىكەنسىلەر، ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟»\+bd* ــ «روھقا تايىنىپ» ــ گرېك تىلىدا «روھتا» (خۇدانىڭ روھىدا، ئەلۋەتتە). \+bd «ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟»\+bd* ــ «ئەت ئارقىلىق» ياكى «ئىنسانىي ئەتلەر ئارقىلىق» ــ دېمەك، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئەمەس، نىجاتىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز كۈچىگە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلارغا تايىنىشتىن ئىبارەت.\f* \v 4 سىلەر \add ئېتىقاد يولىدا\add* بولغان شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىكارغا تارتتىڭلارمۇ؟ دەرۋەقە بىكارغا كەتتىغۇ؟! \v 5 سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى، ئاراڭلاردا مۆجىزىلەرنى يارىتىۋاتقۇچى بۇ كارامەتلەرنى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىپ تايانغىنىڭلاردىن قىلامدۇ، ياكى ئاڭلىغان خەۋەرگە باغلىغان ئىشەنچ-ئېتىقادىڭلاردىن قىلامدۇ؟\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى»\+bd* ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى. «سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى» خۇدائاتىنىڭ ئۆزى.\f* \m \v 6 \add مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك\add*: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى».\x + \xo 3:6 \xt يار. 15‏:6؛ رىم. 4‏:3؛ ياق. 2‏:23. \x* \v 7 شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى چۈشىنىشىڭلار كېرەككى، ئېتىقادتىن تۇغۇلغانلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدۇر.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «... ئېتىقادتىن تۇغۇلغانلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئېتىقادتىن بولغانلار...» ــ دېمەك، مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد باغلاپ «قايتىدىن تۇغۇلغان»لار، ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى باسقانلار.\f* \v 8 مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي قىلىدىغانلىقى ئالدىنئالا كۆرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا: «سەندە بارلىق ئەل-مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ خۇش خەۋەرنى ئالدىن ئېيتقانلىقى خاتىرىلەنگەنىدى.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي قىلىدىغانلىقى ئالدىنئالا كۆرۈلۈپ...»\+bd* ــ «يات ئەللىكلەر» ــ يەھۇدىي ئەمەسلەر. \+bd «سەندە بارلىق ئەل-مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ»\+bd* ــ «يار.» 3:12.\f*  \x + \xo 3:8 \xt يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ روس. 3‏:25. \x* \v 9 شۇنىڭ بىلەن، ئېتىقادتىن بولغانلار ئېتىقاد قىلغۇچى ئىبراھىم بىلەن تەڭ بەخت تاپىدۇ. \v 10 لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ». \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ»\+bd* ــ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر» ــ مۇشۇ يول بىلەن ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلايمىز دەيدىغانلار، ئەلۋەتتە، \+bd «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ»\+bd* ــ «قان.» 26:27. ئەلۋەتتە، ھېچكىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە «ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلالمايدۇ» ــ شۇڭا ھەممە كىشى، يەھۇدىي بولسۇن، يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، مەسىھسىز بولسا لەنەت ئاستىدا تۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:10 \xt قان. 27‏:26. \x* \v 11 يەنە روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئىنتىلىش ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى \add مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغىنىدەك\add*: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ»\+bd* ــ «ھاب.» 4:2.\f*  \x + \xo 3:11 \xt ھاب. 2‏:4؛ رىم. 1‏:17؛ 3‏:20؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 10‏:38\x* \v 12 ئەمما قانۇن يولى ئېتىقاد يولىغا ئاساسلانغان ئەمەس، بەلكى \add مۇقەددەس كىتابتا\add*: ــ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغۇچى شۇ ئىشلار بىلەن ھايات بولىدۇ» دېيىلگەندەكتۇر. \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغۇچى شۇ ئىشلار بىلەن ھايات بولىدۇ»\+bd* ــ «لاۋ.» 5:18. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:12 \xt لاۋ. 18‏:5؛ ئ‍ەز. 20‏:11؛ رىم. 10‏:5. \x* \v 13 ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ھۆر قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش» ياكى «قۇتۇلدۇرۇپ بەدەل تۆلەش» دېگەن ئىبارىلەر ئادەتتە قۇللارنى بازاردىن قايتىدىن سېتىۋېلىپ، ھۆر قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن»\+bd* ــ «قان.» 24:21.\f*  \x + \xo 3:13 \xt قان. 21‏:23؛ رىم. 8‏:3؛ 2كور. 5‏:21. \x* \v 14 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئىبراھىمغا ئاتا قىلىنغان بەخت يات ئەللىكلەرگىمۇ كەلتۈرۈلۈپ، بىز ۋەدە قىلىنغان روھنى ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلالايمىز. \b \m \s1 تەۋرات قانۇنى ۋە خۇدانىڭ ۋەدىسى \m \v 15 قېرىنداشلار، مەن ئىنسانلارچە سۆزلەيمەن؛ ھەتتا ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئەھدە تۈزۈلسىمۇ، باشقا ھېچكىم ئۇنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە قوشالمايدۇ. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «مەن ئىنسانلارچە سۆزلەيمەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە بەلكىم «ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىر مىسال كۆرسىتەي»، دېگىنى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 3:15 \xt ئىبر. 9‏:17. \x* \v 16 شۇنىڭدەك، \add خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى\add* ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. \add مۇقەددەس كىتابتا\add* ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «شۇنىڭدەك، خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر»\+bd* ــ بۇ ۋەدە تەۋرات، «يار.» 7:12 ۋە 15:13، 7:17، 7:24دە تېپىلىدۇ. دېمىسەكمۇ، مەسىھ يەھۇدىيلاردىن بولۇپ، ئۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:16 \xt گال. 3‏:8. \x* \v 17 مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ مەسىھكە ئالدىن تۈزگەن بىر ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ، خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى ھېچ بىكار قىلالمايدۇ. \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «خۇدانىڭ مەسىھكە ئالدىن تۈزگەن بىر ئەھدىسى»\+bd* ــ «مەسىھكە» ــ دېمەك، مەسىھ «ئىبراھىمنىڭ نەسلى»نىڭ سۈپىتىدە بولۇپ ئەھدە شۇ چاغدا ئۇنىڭغا تۈزگەن. \fp بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «مەسىھكە» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 3:17 \xt يار. 15‏:13؛ مىس. 12‏:40؛ روس. 7‏:6. \x* \v 18 چۈنكى \add ۋەدە قىلىنغان\add* مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «چۈنكى ۋەدە قىلىنغان مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان»\+bd* ــ «ۋەدە قىلىنغان مىراس» ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك بەختنى كۆزدە تۇتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:18 \xt رىم. 4‏:14. \x* \m \v 19 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ مىراسى ۋەدە قىلىنغۇچى، يەنى ئىبراھىمنىڭ نەسلى دۇنياغا كەلگۈچە قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن؛ ئۇ پەرىشتىلەر ئارقىلىق بىر ۋاسىتىچىنىڭ قولى بىلەن بېكىتىلىپ يولغا قويۇلغان. \f □ \fr 3:19 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟... ئۇ پەرىشتىلەر ئارقىلىق بىر ۋاسىتىچىنىڭ قولى بىلەن بېكىتىلىپ يولغا قويۇلغان»\+bd* ــ «بىر ۋاسىتىچى» شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. \fp بۇ مۇھىم 19-ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەۋرات قانۇنى... ئىنسانلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن» ــ بۇ سۆزنىڭ كۆپ جەھەتلىرى بار ــ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:19 \xt قان. 5‏:5؛ يـۇھ. 1‏:17؛ 15‏:22؛ روس. 7‏:38،53؛ رىم. 4‏:15؛ 5‏:20؛ 7‏:8. \x* \v 20 ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر. \f □ \fr 3:20 \ft \+bd «ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە بېرىلگەن بىرنەچچە شەرھ بار. مەنىسى بەلكىم: «ئىككى ئادەم كېلىشىم تۈزگەندە، بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. لېكىن، خۇدا ئۆز ئەھدىسىنى ئىبراھىمغا بەرگەندە، ئۇنى ۋاسىتىچىسىز بەرگەن، ئۇ ساپ خۇدانىڭ قولىدىن كەلگەن؛ شۇڭا بۇ ئەھدە بەرىبىر تەۋرات قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇمۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.\f* \v 21 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز! ئەگەر بىرەر قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەققانىيلىق جەزمەن شۇ قانۇنغا ئاساسلانغان بولاتتى. \v 22 ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئالەمنى گۇناھنىڭ ئىلكىگە قاماپ قويغان؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھنىڭ ساداقەت-ئېتىقادى ئارقىلىق ۋەدىنىڭ ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر. \x + \xo 3:22 \xt رىم. 3‏:9؛ 11‏:32. \x* \v 23 لېكىن ئېتىقاد يولى كېلىپ ئاشكارە بولغۇچە، بىز تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىپ، ئاشكارە بولىدىغان ئېتىقادنى كۈتۈشكە قاماپ قويۇلغانىدۇق. \v 24 شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ، بىزنى مەسىھكە يېتەكلىدى. \f □ \fr 3:24 \ft \+bd «بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ،..»\+bd* ــ «تەربىيىلىگۈچى» گرېك تىلىدا «پېداگوگ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 3:24 \xt مات. 5‏:17؛ روس. 13‏:38؛ رىم. 10‏:4. \x* \v 25 لېكىن ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولۇپ، بىز ئەمدى يەنە «تەربىيىلىگۈچى»نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. \v 26 چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار. \f □ \fr 3:26 \ft \+bd «... چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار»\+bd* ــ بۇ مۇھىم 23-26-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، يۇقىرىقى 19:3-ئايەت ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:26 \xt يەش. 56‏:5؛ يـۇھ. 1‏:12؛ رىم. 8‏:15؛ گال. 4‏:5. \x* \v 27 چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار. \f □ \fr 3:27 \ft \+bd «چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار»\+bd* ــ دېمەك، مەسىھگە ئېتىقاد قىلىپ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا باغلانغان بولساق، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئىگىلەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن «مەسىھگە مەنسۇپ ئادەم» بىزنىڭ ئاساسىي سالاھىيىتىمىز بولىدۇ.\f*  \x + \xo 3:27 \xt رىم. 6‏:3. \x* \v 28 مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر. \f □ \fr 3:28 \ft \+bd «مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ... ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر»\+bd* ــ «گرېك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە «يەھۇدىي ئەمەس»، «يات ئەللەكلەر»نى بىلدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:28 \xt يـۇھ. 17‏:21. \x* \v 29 سىلەر مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان \add بەخت-سائادەتكە\add* مىراسخوردۇرسىلەر.\x + \xo 3:29 \xt يار. 21‏:12؛ رىم. 9‏:7؛ ئىبر. 11‏:18. \x* \b \b \m \c 4 \s1 (داۋامى) \m \v 1‏-2 يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.\f □ \fr 4:1‏-2 \ft \+bd «... گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ»\+bd* ــ «غوجىدار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يۇقىرىقى «تەربىيىلىگۈچى» دېگەن سۆزگە يېقىن.\f* \v 3 شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ئاستىدا قۇل بولغانىدۇق.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»\+bd* ــ بەزى ئالىملار مۇشۇ سۆزنى يامان روھلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن «كولوسسىلىكلەرگە»دىكى «كول.» 8:2، 20 توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز باشقىچە چۈشەندۈرىمىز.\f* \v 4 لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى \add بۇ دۇنياغا\add* ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى»\+bd* ــ «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى» دېگەن ئىبارە «ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىغان» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 4:4 \xt يار. 15‏:16؛ 49‏:10؛ دان. 9‏:24؛ مات. 5‏:17. \x* \v 5 بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان \add بىزلەرنى\add* بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.\x + \xo 4:5 \xt يـۇھ. 1‏:12؛ گال. 3‏:26. \x* \v 6 ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاببا» «دادام»نى بىلدۈرىدۇ، «ئاببا! ئاتام!» «ئى سۆيۈملۈك ئاتام!» دېگەن گەپ.\f*  \x + \xo 4:6 \xt رىم. 8‏:15. \x* \v 7 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بۇ ئايەتتىكى «سىلەر» «سەن» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر»\+bd* ــ «خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر» بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر» دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ گالاتىيالىقلاردىن ئەندىشە قىلىشى \m \v 8 بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر»\+bd* ــ «يالغان ئىلاھلار» گرېك تىلىدا «ئەينىيىتى ئىلاھ ئەمەسلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 4:8 \xt 1كور. 8‏:4. \x* \v 9 ئەمدىلىكتە، ھازىر \add ھەقىقىي\add* خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟ \f □ \fr 4:9 \ft \+bd «ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟»\+bd* ــ «ئەبجەق ئەرزىمەس» ــ گرېك تىلىدا «تىلەمچىلىككە ئائىت» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 4:9 \xt كول. 2‏:20. \x* \v 10 سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار! \f □ \fr 4:10 \ft \+bd «سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللار» بولسا بەلكىم تەۋرات قانۇنىدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن ھېيتلارنى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئۆتكۈزىدىغان ھېيتلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەيلى يەھۇدىيلارنىڭكى بولسۇن بولمىسۇن، پرىنسىپ ئوخشاش، ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئالاھىدە كۈن-ھېيتلارنى خاتىرىلەشنىڭ ھاجىتى يوق.\f*  \x + \xo 4:10 \xt رىم. 14‏:5؛ كول. 2‏:16. \x* \v 11 مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىم بىكار كېتەرمىكىن، دەپ سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتىمەن. \m \v 12 قېرىنداشلار، مەن شۇنى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم. سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. \f □ \fr 4:12 \ft \+bd «قېرىنداشلار، ... ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم»\+bd* ــ پاۋلۇس ئۆزى يەھۇدىي بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ (ھەققانىيلىققا ئائىت تەلەپلىرىدىن باشقا) بارلىق ئەمرلىرىدىن (مەسىھنىڭ نىجاتى بىلەن) ئازاد بولۇپ مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغان؛ شۇڭا ئۇ گالاتىيالىقلاردىن: «ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ؛ «چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم» ــ دېمەك، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەردەك (گالاتىيالىقلاردەك) تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلەپلىرىدىن مۇستەسنا بولدى. لېكىن گالاتىيالىقلار يەھۇدىيلاردەك بولىمىز دەپ ئۆزلىرىنى تەۋرات قانۇنىنىڭ بارلىق تەلەپلىرى ئاستىغا قويماقچى ئىدى! \+bd «سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار»\+bd* ــ دېمەك، پاۋلۇس ئۇلارغا ھازىرلا ئېيتقان قاتتىق گېپىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قانداقتۇر بىر زىيان ياكى ئازار يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئېيتقان ئەمەس، دەيدۇ (5-15-ئايەتلەردە ئۇ ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئەسلەيدۇ)، بەلكى ئۇلارنى كۆزلەپ: «سىلەر ئۆز-ئۆزلىرىڭلارغا ئازار بېرىۋاتىسىلەر» دەپ ئاگاھ بېرىش ئۈچۈن ئېيتىدۇ.\f* \v 13 ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم»\+bd* ــ «ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن» ــ بۇ سۆزدىن قارىغاندا، پاۋلۇس بەلكىم كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ كېسەل ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن باغلىق بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىنى ئىنتايىن سەت قىياپەتكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى (14-ئايەت). 14-15-ئايەت، 11:6 ۋە «2كور.» 7:12-10نىمۇ كۆرۈڭ. پاۋلۇس ئادەتتە خەتلىرىنى پۈتۈكچى ئارقىلىق يازاتتى (مەسىلەن، «رىم.» 22:16).\f* \v 14 ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd «ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ كۆز كېسىلى يەنە بىر تەرەپتىن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى ــ ئۇ خۇش خەۋەرنىڭ يولىدا كۆپ ئادەملەرنىڭ كېسەللىرىنى دۇئا قىلىپ ساقايتتى؛ ئۇلارنىڭ ساقايتىلىشى ئارقىلىق كۆپ ئادەملەر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىدە كېسەل بولغاچقا، بۇ ئىش ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا مازاققا قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى بولامدۇ، قانداق؟\f*  \x + \xo 4:14 \xt مال. 2‏:7؛ مات. 10‏:40؛ يـۇھ. 13‏:20. \x* \v 15 ئۇ چاغدىكى بەخت-بەرىكىتىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار! \v 16 ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ \m \v 17 \add مەن ئېيتىپ ئۆتكەن\add* ھېلىقى ئادەملەر سىلەرگە قىزغىنلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما نىيىتى دۇرۇس ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت سىلەرنى \add نىجاتنىڭ\add* سىرتىغا چىقىرىپ، قىزغىنلىقىڭلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. \f □ \fr 4:17 \ft \+bd «ئۇلار پەقەت سىلەرنى نىجاتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇلار پەقەت سىلەرنى بىزدىن ئايرىلىپ نىجاتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:17 \xt رىم. 10‏:2؛ 2كور. 11‏:12. \x* \v 18 ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە.\f □ \fr 4:18 \ft \+bd «ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەيلى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولاي ياكى بولماي، سىلەرگە نىيىتى ياخشى قىزغىنلىقى بار ئادەملەر بار بولسا، دائىم ياخشى بولىدۇ، ئەلۋەتتە».\f* \m \v 19 سۆيۈملۈك بالىلىرىم! مەسىھ سىلەردە تۆرەلدۈرۈلگۈچە مەن سىلەر ئۈچۈن تولغاق ئازابلىرىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋاتىمەن! \x + \xo 4:19 \xt 1كور. 4‏:15؛ فلم. 10؛ ياق. 1‏:18. \x* \v 20 مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋالىڭلار توغرۇلۇق نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمەيۋاتىمەن!\f □ \fr 4:20 \ft \+bd «مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ»\+bd* ــ «باشقىچە بىر تەلەپپۇز بىلەن...» ــ پاۋلۇس تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدىمۇ، ياكى مۇلايىمراق تەلەپپۇزدىمۇ، ئۇلارغا زادى «قانداق تەلەپپۇز»دا سۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى.\f* \b \m \s1 «قۇل دېدەك» ھەجەر بىلەن «ھۆر ئايال» ساراھ توغرىسىدىكى تەمسىلدىن تەربىيە-ساۋاق ئېلىش \m \v 21 ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ \v 22 تەۋراتتا، ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن، يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان، دەپ خاتىرىلەنگەن. \f □ \fr 4:22 \ft \+bd «ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن...»\+bd* ــ دېدەك (قۇل ئايال) ــ يەنى ھەجەر. \+bd «يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان..»\+bd* ــ ئۆز ھۆر ئايالى ساراھ ئىدى.\f*  \x + \xo 4:22 \xt يار. 16‏:2،15؛ 21‏:2؛ روس. 7‏:8؛ ئىبر. 11‏:11. \x* \v 23 دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر. \f □ \fr 4:23 \ft \+bd «دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان»\+bd* ــ «ئەت بىلەن» دېگەن ئىبارە «ئىنساننىڭ ئەتلىرىگە تايىنىش»نى بىلدۈرىدۇ. ھەجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىل پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكرى، ئىنسانىي كۈچى بىلەن تۇغۇلغان. \+bd «دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر»\+bd* ــ بۇ پۈتۈن ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:23 \xt يـۇھ. 8‏:39؛ رىم. 9‏:7. \x* \v 24 بۇ ئىككى ئىشنى بىر ئوخشىتىش دېگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايال \add خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن\add* تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بىرىنچى ئەھدە سىناي \add تېغىدىن\add* كېلىپ، دەرھەقىقەت بالىلىرىنى قۇللۇقتا بولۇشقا تۇغىدۇ؛ مانا ھەجەر ئۇنىڭغا ۋەكىلدۇر؛ \v 25 دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا. \f □ \fr 4:25 \ft \+bd «دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا»\+bd* ــ «قۇللۇقتا» دېگەن سۆز روھىي قۇللۇقتا، يەنى تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا. «بۈگۈنكى يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى» يەھۇدىي خەلقى، شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقانلىرىم بىلەن ھەققانىي ئادەم بولاي دېگەن ھەممە ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:25 \xt مىس. 19؛ 20. \x* \v 26 ئەمما يۇقىرىدىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر؛ \f □ \fr 4:26 \ft \+bd «ئەمما يۇقىرىدىن ئەرشتىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر...»\+bd* ــ باشقىچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى ساراھ بولسا ھۆر ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا يېڭى ئەھدىدە ياشىغان جامائەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، «ئەرشتىكى يېرۇسالېم»نى بىزنىڭ ئانىمىز، دېيىشكە بولىدۇ.\f*  \x + \xo 4:26 \xt ۋەھ. 21‏:2. \x* \v 27 چۈنكى، \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇنداق يېزىلغان: ــ \m «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! \m تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! \m ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!» \f □ \fr 4:27 \ft \+bd «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!»\+bd* ــ يەش.» 1:54.\f*  \x + \xo 4:27 \xt يەش. 54‏:1\x* \m \v 28 ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز. \f □ \fr 4:28 \ft \+bd «...ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلىرىدە «... ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرسىلەر» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:28 \xt رىم. 9‏:7، 8. \x* \v 29 لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ. \f □ \fr 4:29 \ft \+bd «لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا ــ ئىسمائىلنى، شۇنداقلا ئۇ سىمۋول قىلىنغان «تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار»نى كۆرسىتىدۇ. «روھتىن تۇغۇلغان» ــ خۇدانىڭ ۋەدىسى ۋە مۆجىزىسى ئارقىلىق، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاقنى، شۇنداقلا ئۇ سىمۋول قىلىنغان ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى، مۇقەددەس روھتىن «قايتىدىن تۇغۇلغان» خۇدانىڭ روھىي پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە ئىسمائىل ئىسھاققا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، يەھۇدىي خەلق مەسىھگە ئىشەنگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلاتتى ۋە بۈگۈنگە قەدەر ھەر تۈرلۈك «قانۇنغا تايانغانلار»مۇ ئوخشاشلا «خۇدانىڭ روھىغا تايانغانلار»غا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:29 \xt يار. 21‏:9. \x* \v 30 لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن. \f □ \fr 4:30 \ft \+bd «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!»\+bd* ــ «يار.» 10:21. مۇشۇ (21-31) ئايەتلەرگە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە شەرھ بېرىمىز.\f*  \x + \xo 4:30 \xt يار. 21‏:10. \x* \v 31 ئەمدى، قېرىنداشلار، بىز دېدەكنىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز. مەسىھ بىزنى ھۆرلۈكتە ياشىسۇن دەپ ھۆر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار ۋە قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا قايتىدىن قىسىلىپ قالماڭلار. \b \b \m \c 5 \s1 ئېتىقادچىلارنىڭ ئەركىنلىكى \m \v 1‏-2 مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ.\f □ \fr 5:1‏-2 \ft \+bd «... ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ»\+bd* ــ گالاتىيالىقلارنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسىتى «مۇشۇ ئارقىلىق ھەققانىيلىققا ئېرىشىمەن» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇلار مەسىھنىڭ گۇناھلار ئۈچۈن بولغان قۇربانلىقىغا تايانمايلا، پەقەت يەنە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ساۋابلىق ئىشلار»نى بەرپا قىلماقچى بولۇپ «ئۆز-ئۆزۈمگە تايىنىپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇپ ھەققانىي ئادەم بولىمەن» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.\f*  \x + \xo 5:1‏-2 \xt يەش. 9‏:3؛ يـۇھ. 8‏:32؛ روس. 15‏:1؛ رىم. 6‏:18؛ 1پېت. 2‏:16. \x* \v 3 مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە \add تولۇق ئەمەل قىلىش\add* مەجبۇرىيىتى باردۇر.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە (تولۇق ئەمەل قىلىش) مەجبۇرىيىتى باردۇر»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، \add خۇدانىڭ\add* شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار. \v 5 چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز»\+bd* ــ «روھ» مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. «ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى» ــ گرېك تىلىدا «ھەققانىيلىقنىڭ ئۈمىدى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى: (1) كىمدە مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىيلىق بار بولسا ئۇنىڭ ئەرشتىكى بەختكە باغلىغان زور ئۈمىدىمۇ بار بولىدۇ؛ (2) بىزدە مەسىھ ئارقىلىق ھازىر بار بولغان ھەققانىيلىق ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن تولۇق، مۇكەممەل بولىدۇ، دەيدىغان ئۈمىدمۇ باردۇر. بىزنىڭچە، بۇ ھەر ئىككى ئۈمىد كۆرسىتىلىدۇ.\f* \v 6 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «چۈنكى مەسىھ ئەيسادا، خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر»\+bd* ــ «مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقاد»: ــ ئېتىقاد مۇھەببەت ئارقىلىق گۈزەل ئىشلارنى قىلىدۇ ھەم مۇھەببەتنىڭ ئۆزى ئېتىقادقا گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ ئىلھاملاندۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 5:6 \xt مات. 12‏:50؛ يـۇھ. 15‏:14؛ 1كور. 7‏:19؛ 2كور. 5‏:17؛ گال. 6‏:15؛ كول. 3‏:11؛ 1تېس. 1‏:3. \x* \v 7 سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار»\+bd* ــ ئېتىقاد يولىدا، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:7 \xt گال. 3‏:1. \x* \v 8 بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس!\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس!»\+bd* ــ «قايىل قىلىش»نىڭ مەنىسى يۇقىرىقى «ئىتائەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە يېقىن بولۇپ، كىنايىلىك مەنىنى تەكىتلەيدۇ ــ دېمەك، مۇشۇنداق «ئىتائەت» بولامدۇ؟\f* \v 9 «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!»\f □ \fr 5:9 \ft \+bd «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!»\+bd* ــ دېمەك، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ «ئازراق خاتا» تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا «خەتنە قىلىش» «كىچىككىنە بىر ئىش» بولسىمۇ، گالاتىيالىقلارنىڭ ئۇنى «مۇشۇ ئىش بىلەن ھەققانىي (ياكى «تېخىمۇ ھەققانىي») ئادەم بولىمەن» دەپ قوبۇل قىلىشى ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ نىجاتىدىن چىقىرىپ ئايرىۋېتەتتى.\f*  \x + \xo 5:9 \xt 1كور. 5‏:6. \x* \m \v 10 ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ»\+bd* ــ خۇدا تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:10 \xt 2كور. 2‏:3؛ 8‏:22. \x* \v 11 قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن \add يەھۇدىيلاردىن\add* زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى! \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟»\+bd* ــ گالاتىيادىكى جامائەتنى «قايمۇقتۇرۇۋاتقان»لار بولسا بەلكىم: «پاۋلۇس، سۈننەت قىلىنىش كېرەك دەيدۇ»، دەپ يالغانچىلىق قىلغان بولسا كېرەك. پاۋلۇسنىڭ بۇ سوئالى بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان سۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ ــ مانا، مەن شۇنداق خەۋەرنى يەتكۈزگەن بولسام، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتمەيتتىم، دەيدۇ. \+bd «ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى!»\+bd* ــ «كرېست بىزارلىقى» توغرۇلۇق: ــ «كرېست» ئۆزى رىم ئىمپېرىيەسىدىكى ئەڭ يىرگىنچلىك ئۆلۈم جازا تەدبىرى ئىدى! لېكىن خۇدا ئەيسانىڭ دەل شۇنداق ئۆلۈمى ئارقىلىق ئادەمنى قۇتقۇزماقچى! مانا «كرېست بىزارلىقى»دۇر! ئۇنىڭ ئۈستىگە، «خەتنە قىلىنىش ياكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىشلار ئادەمنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزمايدۇ، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېگەن خەۋەر كۆپ ئادەملەرنى (پەقەت يەھۇدىيلارنىلا ئەمەس!) رەنجىتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. مانا بۇمۇ «كرېست بىزارلىقى»دۇر. خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە «كرېست بىزارلىقى» ھەردائىم بولىدۇ؛ ئۇنداق ئىش كەم بولسا يەتكۈزگەن «خۇش خەۋەر» ئەمدى «خۇش خەۋەر» بولمايدۇ!\f*  \x + \xo 5:11 \xt 1كور. 1‏:23. \x* \v 12 سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن!\x + \xo 5:12 \xt يە. 7‏:25. \x* \v 13 چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. \f □ \fr 5:13 \ft \+bd «لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار»\+bd* ــ «ئەت» ياكى «ئەتلەر» ئاساسەن ئىنساننىڭ ئۆز شەخسىيەتچى تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:13 \xt 1كور. 8‏:9؛ 1پېت. 2‏:16؛ يەھ. 4. \x* \v 14 چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «... پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ»\+bd* ــ «ئەمەل قىلىنىدۇ» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «يىغىنچاقلانغاندۇر» («لاۋ.» 18:19).\f*  \x + \xo 5:14 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:8؛ ياق. 2‏:8. \x* \v 15 لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە!\x + \xo 5:15 \xt 2كور. 12‏:20. \x* \b \m \s1 روھ ۋە «ئەت» \m \v 16 ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ \add مۇقەددەس\add* روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. \f □ \fr 5:16 \ft \+bd «مۇقەددەس روھتا مېڭىڭلار»\+bd* ــ دېمەك، «مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەم ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە مېڭىڭلار». بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:16 \xt رىم. 13‏:14؛ 1پېت. 2‏:11. \x* \v 17 چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. \x + \xo 5:17 \xt رىم. 7‏:15-26. \x* \v 18 ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. \v 19 ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، \x + \xo 5:19 \xt 1كور. 3‏:3؛ ياق. 3‏:14. \x* \v 20 بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، \v 21 ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ. \x + \xo 5:21 \xt 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ كول. 3‏:6؛ ۋەھ. 22‏:15. \x* \v 22 ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، \f □ \fr 5:22 \ft \+bd «روھنىڭ مېۋىسى بولسا...»\+bd* ــ «روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى. \fp «روھنىڭ مېۋىسى» ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشتىن بېرىدىغان مېۋە».\f*  \x + \xo 5:22 \xt ئ‍ەف. 5‏:9. \x* \v 23 مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر. \f □ \fr 5:23 \ft \+bd «... مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت»\+bd* ــ ئىنجىلدا «مۆمىن-مۇلايىملىق» ياكى «يۇۋاش-مۇلايىملىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچتىن كۈچلۈكلەرگە يول قويىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ يولىدا تالاش-تارتىشلاردىن قول ئۈزۈش، خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى زوراۋانلىقسىز، جېدەلسىز توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمان باغلاشتۇر؛ مۇشۇنداق پوزىتسىيە مۇلايىم، يۇۋاشلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:23 \xt 1تىم. 1‏:9. \x* \v 24 لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. \f □ \fr 5:24 \ft \+bd «لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ»\+bd* ــ «ئۇنىڭدىكى (ئەتلەرنىڭ) ئىشقلار...» ياكى «ئۇنىڭدىكى ھېسسىياتلار...».\f*  \x + \xo 5:24 \xt رىم. 6‏:6؛ 13‏:14؛ گال. 2‏:20؛ 1پېت. 2‏:11. \x* \v 25 روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى. \v 26 بىر-بىرىمىزنى رەنجىتىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ، ھاكاۋۇر شۆھرەتپەرەسلەردىن بولمايلى. \b \b \m \c 6 \s1 بىر-بىرىڭلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار \m \v 1 قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «... ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار»\+bd* ــ «روھىي كىشىلەر» ياكى «روھقا تەۋە بولغانلار» بولسا دائىم مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «كورىنتلىقلارغا (1)»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:1 \xt رىم. 14‏:1؛ 15‏:1؛ 1كور. 9‏:22. \x* \v 2 بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.\x + \xo 6:2 \xt مات. 11‏:29؛ يـۇھ. 13‏:14؛ رىم. 15‏:1؛ 1تېس. 5‏:14. \x* \v 3 چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس.\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس»\+bd* ــ 2-ئايەتكە قارىغاندا، پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى ھاجەتمەنلەرگە ياكى موھتاج بولغانلارغا ياردەم قولىنى ھېچ ئۇزارتمايدىغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىلغان.\f* \v 4 لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ.\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى...»\+bd* ــ ياكى «شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايلا، ...».\f* \v 5 چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك»\+bd* ــ دېمەك، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 6:5 \xt زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. \x* \v 6 خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن.\x + \xo 6:6 \xt رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11. \x* \v 7 ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.\x + \xo 6:7 \xt لۇقا 16‏:25؛ 1كور. 6‏:10. \x* \v 8 ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ.\f □ \fr 6:8 \ft \+bd «ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆز ئەتلىرىگە ئۇرۇق چاچقان كىشى». \+bd «ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۆز ئەتلىرىدىن ھالاكەتنى ئالىدۇ».\f* \v 9 شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز. \x + \xo 6:9 \xt 2تېـس. 3‏:13. \x* \v 10 شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى»\+bd* ــ «ئېتىقادتىكى ئائىلە» بولسا دۇنيادىكى بارلىق ئېتىقادچىلار، خۇدانىڭ ئائىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 6:10 \xt 1تىم. 5‏:8. \x* \b \m \s1 ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالام \m \v 11 مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار! \f □ \fr 6:11 \ft \+bd «مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار!»\+bd* ــ نېمىشقا پاۋلۇس بۇنى يازىدۇ؟ يۇقىرىقى 15:4-ئايەت ئۈستىدىكى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، پاۋلۇس ئادەتتە پۈتۈكچى ئارقىلىق خەتلىرىنى يازغان (مەسىلەن، «رىم.» 22:16). بىزنىڭچە سەۋەبى ئۇنىڭدا بىرخىل كۆز كېسىلى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن: ــ (1) پاۋلۇس بۇ خەتنى يېزىش جىددىي بولغاچقا، يېنىدا مۇۋاپىق پۈتۈكچى بولمىغانلىقتىن ئۆز قولى بىلەن خەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولغان؛ (2) خەتنى ھەقىقەتەن ئۆزىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئاخىرقى ئايەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازدى. چۈنكى شۇ چاغدا «ساختا روسۇللار» كۆپ ئىدى، ھەتتا پاۋلۇسنىڭ نامى بىلەن ساختا خەتلەرنى يازغانلار بار ئىدى («2تېس.» 2:2نى كۆرۈڭ). \fp ئۆز پىكرىمىزچە، پاۋلۇس بۇ پۈتۈن خەتنى ئۆز قولى بىلەن يازغان.\f* \v 12 سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس. \f □ \fr 6:12 \ft \+bd «سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس»\+bd* ــ «ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان»لار بولسا نىجاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، دېگەن يەھۇدىيلارنىڭ گېپىدىن قورققان، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشىنى خالايدىغان كىشىلەردۇر. «تاشقى قىياپەتتە» گرېك تىلىدا «ئەتلەردە» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ كرېستى تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىك»: دېمەك، «مەسىھنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى (ياكى «كرېستىنىڭ بىزارلىقى») تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىك». بۇ زىيانكەشلىك يەھۇدىيلار تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە. «مەسىھنىڭ كرېستى» دېگىنى بولسا، «مەسىھنىڭ كرېستلەنگەندە بولغان قۇربانلىقى بىردىنبىر نىجات يولىدۇر» دېگەن خەۋەرنىڭ قىسقىچە ئىپادىسىدۇر. شۇ چاغدا مۇشۇ ھەقىقەتنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن (ۋە كۆپ باشقىلار تەرىپىدىنمۇ، ئەلۋەتتە) زىيانكەشلىككە ئۇچرايتتى.\f* \v 13 چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ»\+bd* ــ «ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش» دېگەن ئىبارىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مۇشۇ يەھۇدىيلار، «گالاتىيالىقلار گېپىمىزگە كىردى، ئۇلارغا خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ ئۇلارنى نىجات يولىغا ئالغا باستۇردۇق!» دەپ باشقا يەھۇدىيلار ئالدىدا ماختىنىشنى خالايتتى.\f* \v 14 ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى \add ئۆلۈمى\add*دىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن. \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن»\+bd* ــ «بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن» دېگەن ئىبارە، ماڭا نىسبەتەن ئۆلگەن، دېمەكچى.\f* \v 15 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر! \f □ \fr 6:15 \ft \+bd «بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر! »\+bd* ــ «يېڭى بىر يارالغۇچى» دېگەن ئىبارە «يېڭى (يارىتىلغان) ئادەم»نى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىبارە يەنە مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق ئاپىرىدە بولغان ھەربىر «يېڭى ئادەم» ۋە كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 6:15 \xt مات. 12‏:50؛ يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ كول. 3‏:11. \x* \v 16 بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي! \f □ \fr 6:16 \ft \+bd «بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي!»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» (ياكى «خۇدانىڭ ھەقىقىي ئىسرائىلى») ــ دېمەك، باشقا بىر «ئىسرائىل» بار. بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىسرائىلدىن، يەنى يەھۇدىيلار ئىچىدىكى خۇدانىڭ نىجات يولىدا ماڭغان، مەسىھ ئەيسانى قوبۇل قىلغانلارنى (يەنى «خۇدانىڭ قالدىسى»نى) كۆرسىتىدۇ. قالغان يەھۇدىيلار «ئىسرائىل» بولسىمۇ، «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» ئەمەس. \fp بەزى ئالىملار بۇ جۈملىدىكى «ۋە»نى «يەنى» دەپ تەرجىمە قىلىپ، «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» پۈتكۈل جاھاندىكى مەسىھكە تەۋە بولغانلاردىن بولغان جامائەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىبارىسى، «مەن يۇقىرىدا بەزى يەھۇدىيلار توغرۇلۇق قاتتىق گەپ قىلغىنىم بىلەن، ھەممە يەھۇدىي شۇنداق، دەپ ئويلاپ كەتمەڭلار! «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» باردۇر!» دېمەكچى.\f*  \x + \xo 6:16 \xt زەب. 125‏:5. \x* \v 17 بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن!\f □ \fr 6:17 \ft \+bd «... مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن!»\+bd* ــ «ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرى» ــ دېمەك، پاۋلۇسنىڭ تېنىدە قالغان يارا ئىزلىرى، يەنى مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدۇر. شۇ تەرەپتە ئۇ كۆپ يارىلانغان رەببى ئەيساغا ئوخشاشتۇر. «ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرى»نىڭ گرېك تىلىدا ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار: «ئەيسانىڭ (باسقان) تامغىسى» ــ دېمەك، پاۋلۇس بۇ سۆز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەيساغا پۈتۈنلەي مەنسۇپ ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىمەكچى.\f*  \x + \xo 6:17 \xt 2كور. 4‏:10. \x* \m \v 18 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!