\id EZK \h ئەزاكىيال \toc1 ئەزاكىيال \toc2 ئەزاكىيال \toc3 ئ‍ەز. \mt1 ئەزاكىيال \c 1 \s1 خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرى ــ ئەزاكىيالنىڭ چاقىرىلىشى ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان خەۋەر \m \v 1 ئوتتۇزىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، مەن كېۋار دەرياسىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار ئارىسىدا تۇرغان مەزگىلدە، مانا ئاسمانلار ئېچىلىپ، مەن خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۈم. \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئوتتۇزىنچى يىلى»\+bd* ــ ئەزاكىيالنىڭ ئۆزىنىڭكى 30-يىلى بولسا كېرەك. ئەزاكىيال ئەسلى كاھىن بولۇپ، ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى تولۇق كاھىنلىق ئورنىغا (بولۇپمۇ قۇربانلىق قىلىشقا) چىقىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئۇ سۈرگۈن بولۇپ، ئۇنداق نېسىۋىگە مۇيەسسەر بولالمىدى.\f*  \x + \xo 1:1 \xt زەب. 137‏:1\x* \v 2 تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ــ يەھوئاكىننىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى ئىدى ــ \v 3 كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا، كېۋار دەرياسى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزاكىيال كاھىنغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى ــ شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندى. \m \v 4 مەن كۆردۈم، مانا! شىمالدىن بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلدى؛ يوغان بىر بۇلۇت ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان بىر ئوت، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى شۇ ئوت ئىچىدىن، ئىسسىقتىن جۇلالانغان پارقىراق مىستەك بىر كۆرۈنۈش كۆرۈندى. \v 5 يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، تۆت ھايات مەخلۇق كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق ئىدىكى: ــ ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى؛ \f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر، ئېھتىمال، مۇشۇ مەخلۇقلارنىڭ ئۆرە تۇرغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. \fp مەخلۇقلار سۈرەتلەنگەن ئالماشلار بەزىدە ئەرەنچە رودتا، بەزىدە ئايالچە رودتا كۆرۈلىدۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى پەيغەمبەرگە بىر تەرىپى ئەرەنچە قىياپەتتە، يەنە بىر تەرىپى ئايالچە قىياپەتتە كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 6 ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى؛ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. \x + \xo 1:6 \xt ئ‍ەز. 10‏:14\x* \v 7 ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى. \m \v 8 تۆت يېنىدا، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنساننىڭكىدەك بىردىن قولى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى؛ \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار: ــ «تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا ئىككىدىن ئىنساننىڭكىدەك قولى بار ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ ــ دېمەك، ھەربىر مەخلۇقنىڭ تۆتتىن ئەمەس، بەلكى ئىككىدىن قولى بار ئىدى.\f*  \x + \xo 1:8 \xt ئ‍ەز. 10‏:8\x* \v 9 ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى؛ ئۇلار يۈرگەندە ھېچياققا بۇرۇلمايتتى؛ ئۇلار ھەممىسى ئۇدۇل ئالدىغا يۈرەتتى. \v 10 ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈنۈشلىرى ئىنساننىڭكىدەك ئىدى؛ ئۇ تۆتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە شىرنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ سول تەرىپىدە بۇقىنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يۈزىمۇ بار ئىدى.\x + \xo 1:10 \xt ئ‍ەز. 10‏:14؛ ۋەھ. 4‏:7\x* \m \v 11 ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. قاناتلىرى يۇقىرىدا كېرىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىككى قانىتى ئىككى تەرىپىدىكى مەخلۇقنىڭ قانىتىغا تۇتىشاتتى؛ يەنە ئىككى قانىتى ئۆز تېنىنى يېپىپ تۇراتتى. \v 12 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇدۇلغا قاراپ ماڭاتتى؛ ئۇلاردا بولغان روھ نەگە بارىمەن دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچقايسى تەرەپكە بۇرۇلمايتتى. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «ئۇلاردا بولغان روھ»\+bd* ــ بەلكىم خۇدانىڭ روھىدۇر.\f* \v 13 ھايات مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتى بولسا، كۆيۈپ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتنىڭ چوغىدەك، مەشئەللەردەك ئىدى؛ مۇشۇ ئوت ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ مەخلۇقلار ئارىسىدا يۈرەتتى؛ ئوت ئىنتايىن يالقۇنلۇق ئىدى، ئوتتىن چاقماقلار چېقىپ تۇراتتى؛ \v 14 ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى. \v 15 مەن ھايات مەخلۇقلارغا قارىدىم، مانا ھايات مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا يەردە تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇدۇللانغان بىردىن چاق تۇراتتى؛ \v 16 چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى.\f □ \fr 1:16 \ft \+bd «...چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...بىر چاق يەنە بىر چاق بىلەن گىرەلەشكەن ئىدى».\f*  \x + \xo 1:16 \xt ئ‍ەز. 10‏:9،10\x* \m \v 17 مەخلۇقلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆت تەرىپىنىڭ ھەممىسىگە ئۇدۇل ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى. \v 18 چاقلارنىڭ ئۇلتاڭلىرى بولسا، ئىنتايىن ئېگىز ھەم دەھشەتلىك ئىدى؛ ئۇلار تۆتىسىنىڭ ئۇلتاڭلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. \x + \xo 1:18 \xt ئ‍ەز. 10‏:12\x* \v 19 ھايات مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلار ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ ھايات مەخلۇقلار يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ كۆتۈرۈلەتتى. \x + \xo 1:19 \xt ئ‍ەز. 10‏:16\x* \v 20 روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ روھى \add روھقا\add* ئەگىشىپ ماڭاتتى. چاقلار ئۇلار بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلىرىدا ئىدى. \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى...»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە بەلكىم خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 21 مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ماڭاتتى؛ مەخلۇقلار توختىغاندا، چاقلارمۇ توختايتتى؛ ئۇلار يەردىن كۆتۈرۈلگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. \m \v 22 ھايات مەخلۇقلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەزگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى؛ ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە يېيىلىپ تۇراتتى. \f □ \fr 1:22 \ft \+bd «بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەز»\+bd* ــ بۇ گۈمبەز 26-ئايەت بويىچە خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئۇلىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ مۇزسىمان دەھشەتلىك پارقىراپ...».\f* \v 23 بۇ گۈمبەزدەك نەرسىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ قاناتلىرى كېرىلىپ، بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى؛ ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى.\f □ \fr 1:23 \ft \+bd «ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەربىر مەخلۇقنىڭ ياپقۇچى ئىككى قانىتى بار ئىدى» ــ دېمەك، ھەربىرىنىڭ تېنىنى ياپىدىغان ئىككى قانىتى بار ئىدى. \fp \fp بىزنىڭ تەرجىمىمىز بويىچە، بىر يۆلىنىشكە ئۇچقاندا، قاناتلىرىدىن ئىككىسىنى ئىشلىتىدۇ، يەنە بىر يۆلىنىشكە ئۇچقاندا، باشقى ئىككى قانىتىنى ئىشلىتىدۇ.\f* \m \v 24 ئۇلار ماڭغاندا، مەن قاناتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم ــ ئۇ ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك، ھەممىگە قادىرنىڭ ئاۋازىدەك ــ قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەن-شاۋقۇنلىرىنىڭ ساداسىدەك ئىدى؛ ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. \v 25 ۋە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. \m \v 26 ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدە، كۆك ياقۇت كەبى بىر تەختنىڭ سىيماسى تۇراتتى؛ بۇ تەخت سىيماسىنىڭ ئۈستىدە، تولىمۇ يۇقىرىدا، ئىنسان قىياپىتىدە كۆرۈنگەن بىر زات تۇراتتى. \v 27 ۋە مەن بۇ زاتنى بېلىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ تۇرقى مىستەك پارقىرغان، ئەتراپىنى ئوت ئوراپ تۇرغان قىياپەتتىكى بىر كۆرۈنۈشتە كۆردۈم؛ ۋە بېلىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ تۇرقى، ئوتنىڭ قىياپىتىدە ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك يورۇقلۇق تۇراتتى. \v 28 بۇ ئەتراپىدا تۇرغان كۈچلۈك يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنىدىكى بۇلۇتتا پەيدا بولغان ھەسەن-ھۆسەننىڭ كۆرۈنۈشىدەك ئىدى. بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ قىياپىتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇنى كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم؛ ۋە مەن سۆزلەۋاتقان بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 1:28 \ft \+bd «بۇ ئەتراپىدا تۇرغان كۈچلۈك يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنىدىكى بۇلۇتتا پەيدا بولغان ھەسەن-ھۆسەننىڭ كۆرۈنۈشىدەك ئىدى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر، بەلكىم بۇ كۈچلۈك نۇرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ ئەتراپىدا چەمبەرسىمان شەكىلدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:28 \xt دان. 10‏:9\x* \b \b \m \c 2 \s1 ئەزاكىيالنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 1 ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، ئورنۇڭدىن دەس تۇر، ۋە مەن ساڭا سۆز قىلىمەن، ــ دېدى. \m \v 2 ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. \f □ \fr 2:2 \ft \+bd «ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى»\+bd* ــ «روھ»، مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:2 \xt ئ‍ەز. 3‏:24؛ دان. 10‏:10\x* \v 3 ۋە ئۇ ماڭا: ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل بالىلىرىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»گە ئەۋەتىمەن؛ بۈگۈنگە قەدەر ھەم ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋلىرى ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلىپ كەلمەكتە»، ــ دېدى.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر» كىنايىلىك گەپ بولۇپ، شۈبھىسىزكى «ئىسرائىل» (شىمالىي پادىشاھلىق) ۋە يەھۇدا (جەنۇبىي پادىشاھلىق) دېگەن ئىككى ئەلنى كۆسىتىدۇ. ئۇلار خۇداغا «يات»، ئۇلار چەتئەللىكلەردەك بۇتقا چوقۇندى. «ئىسرائىل» (شىمالىي پادىشاھلىق) 125 يىل ئىلگىرى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولغانىدى. ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى غۇلىغاندىن كېيىن، بەلكىم سۈرگۈن بولغان كۆپ ئىسرائىللار بابىلدا قېلىپ، سۈرگۈن بولغان «يەھۇدا»دىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىر بولۇپ كەتكەن.\f*  \x + \xo 2:3 \xt يەر. 3‏:25\x* \m \v 4 ــ «بۇ بالىلار بولسا نومۇسسىز ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر؛ مەن سېنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن؛ سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن ــ \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قۇلاق سالسۇن، سالمىسۇن (چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلىدىغان بىر جەمەت) ــ ئۆزلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.\x + \xo 2:5 \xt ئ‍ەز. 33‏:33\x* \m \v 6 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ۋە سۆزلىرىدىنمۇ قورقما؛ شۇنداق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقما، ۋە زەردىلىك قاراشلىرىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. \f □ \fr 2:6 \ft \+bd «گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ،...»\+bd* ــ «تىكەن-جىغانلار» ۋە «چايانلار» دېگەنلەر شۈبھىسىزكى، ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:6 \xt يەر. 1‏:8، 17؛ ئ‍ەز. 3‏:9؛ لۇقا 12‏:4؛ 1پېت. 3‏:1\x* \v 7 سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردۇر. \v 8 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال؛ بۇ ئاسىي جەمەتتەك تەتۈر بولمىغىن؛ ئاغزىڭنى ئېچىپ، مەن ساڭا بەرگىنىمنى يېگىن».\x + \xo 2:8 \xt ۋەھ. 10‏:9\x* \m \v 9 ــ مەن قارىسام، مانا ماڭا سوزۇلغان بىر قول تۇرۇپتۇ؛ ۋە مانا، ئۇنىڭدا بىر ئورام يازما تۇرۇپتۇ. \v 10 ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى؛ ئۇنىڭغا يېزىلغانلىرى مەرسىيە، ماتەم سۆزلىرى ۋە دەرد-ئەلەملەردىن ئىبارەت ئىدى.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى»\+bd* ــ ئادەتتە، «ئورام يازمىلار»دا پەقەت ئىچىدىلا خەت يېزىقلىق بولاتتى. ئالىملارنىڭ بۇ ئورام يازمىنىڭ «ئالدى-كەينى»گە خەت يېزىلغانلىقى توغرۇلۇق ھەرخىل پىكرى بار. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ بىر ئەھمىيىتى شۇكى، خۇدانىڭ ساپ سۆزلىرىگە ھېچكىمنىڭ قوشۇمچە سۆزلەرنى يېزىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى؛ بىزنىڭچە، بۇ ئىش يەنە خۇدانىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىنى تەكىتلەيدۇ.\f* \b \b \m \c 3 \m \v 1 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئېرىشكىنىڭنى يېگىن؛ بۇ يازمىنى يەپ، بېرىپ ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلغىن، دېدى.\x + \xo 3:1 \xt يەر. 15‏:16؛ 2‏:8؛ ۋەھ. 10‏:9\x* \m \v 2 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاغزىمنى ئاچتىم، ئۇ ماڭا يازمىنى يېگۈزدى. \v 3 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قورسىقىڭنى توق قىلىپ، ئىچى-باغرىڭنى مەن ساڭا بەرگەن بۇ ئورام يازما بىلەن تولدۇرغىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېدىم، ئاغزىمدا ئۇ ھەسەلدەك تاتلىق ئىدى. \x + \xo 3:3 \xt زەب. 19‏:10-11؛ 119‏:103؛ ۋەھ. 10‏:10\x* \v 4 ۋە ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسان ئوغلى، بارغىن، ئىسرائىل جەمەتىگە بارغىن، مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن. \x + \xo 3:4 \xt يەر. 1‏:17\x* \v 5 چۈنكى سەن غەيرىي يېزىقتىكى ياكى تىلى تەس بىر ئەلگە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل جەمەتىگە ئەۋەتىلدىڭ؛ \v 6 ــ غەيرىي يېزىقتىكى ھەم تىلى تەس، سۆزلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۆپ ئەللەرگە ئەۋەتىلمىدىڭ؛ مەن سېنى شۇلارغا ئەتەتكەن بولسام، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالاتتى! \m \v 7 بىراق ئىسرائىل جەمەتى ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قاپىقى توڭ ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر. \v 8 مانا، مەن يۈزۈڭنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە قارشى تاشتەك، ۋە سېنىڭ پېشانەڭنى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىغا قارشى تاشتەك قىلدىم. \x + \xo 3:8 \xt يەر. 1‏:18؛ مىك. 3‏:8\x* \v 9 بەرھەق، سېنىڭ پېشانەڭنى چاقماق تېشىدىن قاتتىق، ھەتتا ئالماستەك قىلدىم. ئۇلاردىن قورقما، ۋە ئۇلار تۈپەيلىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر».\x + \xo 3:9 \xt يەر. 1‏:8،17؛ 5‏:3؛ ئ‍ەز. 2‏:6؛ 1پېت. 3‏:14\x* \m \v 10 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا ئېيتماقچى بولغان ھەممە سۆزلىرىمنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويغىن، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن. \v 11 ۋە ھازىر بارغىن، سۈرگۈن بولغانلارغا، يەنى ئۆز ئېلىڭدىكىلەرگە سۆز قىل، ئۇلار ئاڭلىسۇن، ئاڭلىمىسۇن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن! ــ دېدى.\x + \xo 3:11 \xt ئ‍ەز. 2‏:5، 7\x* \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى، مەن ئارقامدىن زور شارقىرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ــ «پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئۆز جايلىرىدا ئوقۇلسۇن!» ــ \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى،...»\+bd* ــ «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھى.\f*  \x + \xo 3:12 \xt ئ‍ەز. 8‏:3\x* \m \v 13 ــ ھايات مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ئاۋازى، ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقلارنىڭ ئاۋازلىرى بەھەيۋەت شارقىراق بىر سادا ئىدى. \v 14 ۋە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، يىراققا ئاپاردى؛ ۋە مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا كۈچلۈك ئىدى. \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم،...»\+bd* ــ ئەزاكىيالنىڭ دەرد-ئەلىمى ۋە روھىنىڭ ئاچچىقلىقى نېمە ئۈچۈن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆز خەلقىنىڭ قاتتىق كۆڭۈللۈكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئىنتايىن ئازابلانغان ۋە ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن.\f* \v 15 شۇنىڭ بىلەن مەن تەل-ئابىب شەھىرىدە سۈرگۈن بولغانلار، يەنى كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرغانلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدىم؛ مەن ئۇلار تۇرغان جايدا ئولتۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەتتە كۈن ھاڭ-تاڭ قېتىپ ئولتۇردۇم.\x + \xo 3:15 \xt ئايۇپ 2‏:13\x* \m \v 16 مانا يەتتە كۈن توشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 17 «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى قىلىپ تىكلىدىم؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن بولغان ئاگاھنى يەتكۈزگىن.\x + \xo 3:17 \xt يەش. 62‏:6؛ ئ‍ەز. 33‏:7؛ 1تىم. 3‏:1\x* \m \v 18 مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» ــ دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ ــ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچى مەنىسى: «ئۇ ئۆز قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ». ئىككىنچى مەنىسى: «ئۇ ئۆز قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنمىغان ھالدا ئۆلىدۇ» ــ دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ دوستلۇقىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلىدۇ. بىزنىڭچە ئىككىنچى ئىمكانىيەت بەلكىم توغرىدۇر. بەرىبىر ھەممىمىز ئۆلىمىز؛ بىراق خۇدادىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلۈش، ھەقىقىي ھەم قورقۇنچلۇق ئۆلۈمدۇر.\f*  \x + \xo 3:18 \xt ئ‍ەز. 33‏:8\x* \m \v 19 بىراق سەن ئاشۇ رەزىل ئادەمنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئۇ رەزىللىكىدىن، يەنى ئۆز رەزىل يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. \m \v 20 ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. \x + \xo 3:20 \xt ئ‍ەز. 18‏:24؛ 33‏:12،13\x* \v 21 ۋە ئەگەر سەن ھەققانىي ئادەمنى گۇناھ سادىر قىلما دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساڭ، ۋە ئۇ گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن».\f □ \fr 3:21 \ft \+bd «ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار، خۇدانىڭ بۇ سۆزىنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى «ئۆلۈم» ۋە «ھايات» دەپ قارايدۇ. خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل بىلەن بېكىتكەن ئەھدىسى بويىچە، ئىسرائىللار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدا يۈرگەن بولسا، ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ بەختلىك، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. بىراق بىز بۇ سۆزلەر بەلكىم جىسمانىي تەرەپتىن بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، روھىي تەرەپتىنمۇ ئېيتىلغان، دەپ قارايمىز. دېمەك، سۆزلەر مەڭگۈلۈك ھايات ۋە مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە قارىتىلغان. ئۇنداق بولمىسا ھەققانىي ئادەم توغرۇلۇق «ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىي ئىشلىرى ئەسلەنمەيدۇ» دېگەن ئاگاھ سۆزنىڭ نېمە قورقۇنچلۇقى بولسۇن؟\f* \m \v 22 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا تۇراتتى؛ ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 3:22 \ft \+bd «ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى»\+bd* ــ خۇدا ئەزاكىيال بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر خىلۋەت جاي («تۈزلەڭلىك» ياكى «جىلغا»)غا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.\f* \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە چىقتىم؛ ۋە مانا، مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن شان-شەرەپتەك، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى؛ كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم. \x + \xo 3:23 \xt ئ‍ەز. 1‏:3\x* \v 24 ۋە روھ ئىچىمگە كىرىپ مېنى تىك تۇرغۇزدى؛ ئۇ ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «بارغىن، ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈڭنى بەند قىلغىن. \x + \xo 3:24 \xt ئ‍ەز. 2‏:2\x* \v 25 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن سەن تالاغا چىقالماي، ئەل-يۇرت ئىچىگە ھېچ كىرەلمەيسەن. \f □ \fr 3:25 \ft \+bd «ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار» زادى كىم؟ باشقا ئايەتلەرگە قارىغاندا ئەزاكىيالنى «باغلىغانلار» ئەل-يۇرتتىكىلەر ئەمەس؛ شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، بۇ «ئۇلار» پەرىشتىلەردىن ئىبارەت. خۇدا پەرىشتىلەر ئارقىلىق «غايىب ئارغامچىلار» ياكى «روھىي ئارغامچىلار» بىلەن ئەزاكىيال پەيغەمبەرنى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان قىلىدۇ: 4-باب، 8-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 26 شۇنداقلا ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈچى بولماسلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. \f □ \fr 3:26 \ft \+bd «مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن»\+bd* ــ بۇ «گاچىلىق» ئادەتتىكى گەپ-سۆزنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئارىلىقتا بەرىبىر خۇدا بەرگەن بېشارەتلەرنى ئېيتىش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. شۇڭا خۇدانىڭ مۇشۇ بۇيرۇقى بىلەن ئەزاكىيال خەقلەر بىلەن ھېچ سالاملاشمايتتى، ئادەتتىكىدەك گەپلەرنىمۇ قىلالمايتتى. بۇ گاچىلىق بەش يىلدىن كېيىن، 27:24-ئايەتتە تۈگەيدۇ.\f*  \x + \xo 3:26 \xt ئ‍ەز. 2‏:5\x* \v 27 ۋە مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن؛ كىم ئاڭلايمەن دېسە ئاڭلىسۇن، كىم ئاڭلىمايمەن دېسە ئاڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر.\f □ \fr 3:27 \ft \+bd «مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن...»\+bd* ــ بۇ ئىككى ئايەت (26-27)كە قارىغاندا، خۇدا ئۆزى پەيغەمبەرنىڭ «گاچىلىقى»نى گاھى-گاھى ئۈزىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەزاكىيال خەلقكە سۆز قىلىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ ھېچ گەپ قىلالمايتتى.\f*  \x + \xo 3:27 \xt ئ‍ەز. 2‏:5، 7\x* \b \b \m \c 4 \s1 يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىشى \m \v 1 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن. \f □ \fr 4:1 \ft \+bd «بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن»\+bd* ــ كېيىنكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ «كېسەك» يېرۇسالېم شەھىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ كېسەك بولۇش كېرەك ئىدى.\f* \v 2 ئاندىن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پوتەيلەرنى قۇرۇپ، سېپىلغا چىقىدىغان بىر دۆڭلۈك ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بارگاھلارنى تىكىپ ۋە سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەپ قويغىن. \x + \xo 4:2 \xt 2پاد. 25‏:1\x* \v 3 بىر تۆمۈر تاختىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىغا تىكلە؛ يۈزۈڭنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تىكلە؛ ئۇ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالىسەن؛ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت بولىدۇ. \m \v 4 ۋە سەن، سول يېنىڭغا يانپاشلاپ ياتقىن؛ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي؛ سولغا يانپاشلاپ قانچە كۈن ياتساڭ، سەن شۇنچە كۈن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. \f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىسرائىل جەمەتى» بولسا، «شىمالىي پادىشاھلىق» (ئون قەبىلە ئىتتىپاقى)نى كۆرسىتىدۇ. 7-ئايەتتە «يەھۇدا» «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 5 مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى ئۇلارنىڭ قەبىھلىك قىلغان يىللىرى بويىچە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن.\x + \xo 4:5 \xt چۆل. 14‏:34\x* \m \v 6 بۇ كۈنلەر تۈگىگەندىن كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ. \f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى .. ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ (5-ئايەت)... كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ 390 يىللىق جازانى ۋە يەھۇدانىڭ 40 يىللىق جازانى كۆرۈشى توغرۇلۇق قوشۇمچە سۆزىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 7 ۋە سەن يۈزۈڭنى يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارىتىپ، يېڭىڭنى تۈرگەن ھالدا، ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىسەن؛ \v 8 ۋە مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن»\+bd* ــ يەنە 3-باب، 25-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇ «ئارغامچىلار» كۆرۈنگەن ياكى غايىبتىن بولسۇن، ئەزاكىيالنىڭ سول يانجىلىپ ئاندىن ئوڭ يانجىلىپ يېتىشىغا ياردەم بەردى. بەلكىم كەچتە (كۆرۈۋاتقان خەلق ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇ ئۆز مەيلىگە قويۇلغان.\f* \m \v 9 ۋە سەن ئۆزۈڭگە بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، قىزىل ماش تېرىق ۋە قارا بۇغدايلارنى ئېلىپ بىر ئىدىش ئىچىگە سال؛ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايسەن؛ سەن بۇنى يانپاشلاپ ياتقان كۈنلەردە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈندە يەيسەن؛ \v 10 سەن يەيدىغان تاماق بولسا مىقدارى بويىچە ھەر كۈنى يىگىرمە شەكەلدىن بولۇشى كېرەك؛ سەن ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا يەيسەن؛ \f □ \fr 4:10 \ft \+bd «يىگىرمە شەكەل»\+bd* ــ يەنى يېرىم قاداق ــ تەخمىنەن 230 گرام.\f* \v 11 ۋە \add ھەر كۈنى\add* سۇنىمۇ نورما بويىچە، يەنى ئالتىدىن بىر ھىن ئىچىسەن؛ \add ھەر كۈندىكى\add* بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن.\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «ئالتىدىن بىر ھىن»\+bd* ــ ئوندىن ئالتە لىتر ئەتراپىدا. \+bd «ھەر كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇنداق يېمەك-ئىچمەك ئاچارچىلىققا يۈزلەنگەن ئەھۋالدا بولىدۇ.\f* \m \v 12 سەن ئۇنى ئارپا كۆمىچى شەكلىدە قىلىپ يەيسەن؛ سەن ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان نىجاسىتى ئۈستىدە پىشۇرىسەن». \m \v 13 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ»\+bd* ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چوڭ-كىچىك تەرەتلەر ھەردائىم ئادەمزات تۇرغان جايلاردىن نېرى قىلىنىشى كېرەك دەپ بۇيرۇغان (مەسىلەن، «قان» 13:23-14). شۇڭا «ئىنسان نىجاسىتى ئوتىدا» تاماق ئېتىش مۇشۇ قانۇن بويىچە بولمايتتى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:13 \xt ھوش. 9‏:3\x* \m \v 14 ئاندىن مەن: «ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم، ۋە ياشلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزى ئۆلگەندىن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان نەرسىدىن ھېچ يېمىگەنمەن؛ ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان!» ــ دېدىم.\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم... ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان»\+bd* ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا بەزى گۆشلەر (مەسىلەن، چوشقا گۆشى)نى مەنئى قىلغان («لاۋ.» 11-باب، «قان.» 14-باب). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىكىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگۈن ھايۋانلارنىڭ گۆشلەرنىمۇ يېيىشكە بولمايتتى («لاۋ.» 8:22). ئەزاكىيال ئۆزى كاھىن بولغاچقا، مۇشۇ تەلەپلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بولغان.\f* \m \v 15 ۋە ئۇ ماڭا: «مانا، مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم؛ سەن نېنىڭنى شۇنىڭ ئۈستىدە پىشۇرىسەن» ــ دېدى.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم»\+bd* ــ ئالىملار خۇدانىڭ مۇشۇ سۆزلىرى ئۈستىدە ئىككى خىل پىكىردە بولغان: (1) خۇدا ئەزاكىيال پەيغەمبەرگە بەرگەن بۇيرۇقىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىجاسىتىنىڭ ئورنىدا كالا تېزىكىنىڭ ئوتىدا (ھالال دەپ ھېسابلانغان) تاماق ئېتىشكە رۇخسەت قىلغان؛ (2) خۇدا پەيغەمبىرى ئۈچۈن مۆجىزە يارىتىپ، ئۇنىڭ نىجاسىتىنى كالا تېزىكىگە ئايلاندۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھالال ھالدا تاماق يەيدىغان بولدى. \fp بىزنىڭچە 2-پىكىر توغرىدۇر. چۈنكى شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كۆزىتىپ يۈرگەن يۇرتداشلار بۇنى بىلمەي، ئۇنىڭ مۇشۇ «ئاشنى ھارام ھالدا يېگەنلىكى»گە قاراپ ناھايىتى چۆچۈپ كېتەتتى. بولمىسا، پەيغەمبەرنىڭ ئادەمنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولاتتى.\f* \m \v 16 ۋە ئۇ ماڭا: «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئۇلار ناننى تارازىغا سېلىپ، ئۇنى تەشۋىش ئىچىدە يەيدۇ، سۇنى ئۆلچەم بىلەن ئالاقزىدىلىك ئىچىدە ئىچىدۇ؛ \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «مەن يېرۇسالېمدا «نان بولغان ھاسا»نى سۇندۇرىۋېتىمەن». «يۆلەنچۈك» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «تاياق» ياكى «ھاسا»نى بىلدۈرىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، قەدىمكى زامانلاردا يەھۇدىي خەلقى ئۆز نانلىرىنى بىر تاياقتا (زىخقا تىزىلغاندەك) كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ھەرھالدا ئومۇمىي مەنىسى بىزنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك بولىدۇ.\f*  \x + \xo 4:16 \xt لاۋ. 26‏:26؛ يەش. 3‏:1؛ ئ‍ەز. 5‏:16؛ 14‏:13\x* \v 17 چۈنكى نان ۋە سۇ ئۇلاردىن قالىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ دەھشەت باسىدۇ، ئۆز قەبىھلىكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ». \b \b \m \c 5 \m \v 1 «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزۈڭ ئۆتكۈر بىر قىلىچنى ئال؛ ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي؛ ئاندىن تارازىنى ئېلىپ ئالغان چاچلارنى تەڭ بۆلگىن. \f □ \fr 5:1 \ft \+bd «...ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي»\+bd* ــ چاچلارنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئۆزى ماتەم تۇتۇشنى بىلدۈرەتتى.\f* \v 2 مۇھاسىرە كۈنلىرى تۈگىگەندە، ئۈچتىن بىرىنى شەھەر ئىچىدە كۆيدۈرگىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېپىۋەتكىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى شامالغا سورىۋەتكىن؛ مەن بىر قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. \m \v 3 سەن يەنە ئۇلاردىن بىرنەچچە تالنى ئېلىپ تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن؛ \f □ \fr 5:3 \ft \+bd «...تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن»\+bd* ــ ئىسرائىللارنىڭ تونلىرىنىڭ پېشىدە خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى ئەسلىتىدىغان چۇچىلار بار ئىدى («چۆل.» 38:15-39نى كۆرۈڭ). خۇدا بۇ ئەمرى بىلەن ئەزاكىيالغا: «كىملەر مېنىڭ ئەمرلىرىم ئىچىدە يۈرىدىغان بولسا، مېنىڭ سۆزلىرىم ئۇنى ساقلايدۇ» دېگەندەك ئېيتقان بولسا كېرەك.\f* \v 4 بۇلاردىن يەنە نەچچە تالنى ئېلىپ ئوت ئىچىگە تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكىن؛ بۇلاردىن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ». \m \v 5 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ يېرۇسالېم؛ مەن ئۇنى ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ؛ \f □ \fr 5:5 \ft \+bd «مەن ئۇنى (ئىسرائىلنى) ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ»\+bd* ــ خۇدانىڭ بۇنىڭدا ئىسرائىلغا بولغان مەقسىتى، «يات ئەللەر» ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى، ھەققانىيلىقىنى، مېھرى-شەپقىتىنى كۆرسۇن دېگەنلىكتۇر. بىراق ئىسرائىل ئەللەرگە شۇنداق بىر ئۈلگە بولمىدى. ھازىر ئۇلار «يات ئەللەر»گە خۇدانىڭ جازاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە بىر مىسال بولىدۇ.\f* \v 6 بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ. \m \v 7 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەردىنمۇ بەكرەك باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلاردىن، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭماسلىقىڭلاردىن ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتماسلىقىڭلاردىن، ھەتتا ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىمۇ ماڭماسلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، \x + \xo 5:7 \xt لاۋ. 18‏:24،28\x* \v 8 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆزۈمكى ساڭا قارشىمەن، \add ئى يېرۇسالېم\add*؛ سېنىڭ ئاراڭغا ئەللەرنىڭ كۆز ئالىدىلا جازالارنى يۈرگۈزىمەن؛ \v 9 ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئاتىلار ئۆز بالىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ، بالىلار ئۆز ئاتىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ؛ ۋە مەن ساڭا جازالارنى يۈرگۈزىمەن، ۋە سېنىڭ بارلىق قالغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن. \x + \xo 5:10 \xt لاۋ. 26‏:29؛ قان. 28‏:53؛ 2پاد. 6‏:29؛ يىغ. 4‏:10\x* \m \v 11 شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن. \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سېنى قىرقىۋېتىمەن» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەزاكىيالنىڭ سىمۋوللۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىق (1-ئايەت). باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆزۈم ساڭا ئۆرۈلۈپ قارىمايدۇ».\f*  \x + \xo 5:11 \xt ئ‍ەز. 7‏:4\x* \v 12 شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆپچۆرەڭلەردە قىلىچلىنىدۇ؛ ۋە مەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن، ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. \f □ \fr 5:12 \ft \+bd «شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ... ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئەزاكىيالنىڭ (1-4-ئايەتتىكى) سىمۋوللۇق ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، (1-ئايەتتە) ئەزاكىيال شەھەرگە سالغان «ئوت»، «ۋابا كېسىلى ھەم ئاچارچىلىق»قا ۋەكىللىك قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:12 \xt يەر. 15‏:2\x* \v 13 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزىپىم بېسىقىدۇ، مېنىڭ قەھرىمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ قونغۇزۇپ، پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇمدىن سۆز قىلغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ.\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەسىتىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 14 ۋە مەن سېنىڭ ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەر ئارىسىدا ھەمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا سېنى ۋەيرانە قىلىمەن ۋە مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىمەن؛ \v 15 سېنىڭ ئۈستۈڭگە غەزەپ ھەم قەھر ۋە قەھرلىك ئەيىبلەر بىلەن جازالارنى يۈرگۈزگىنىمدە سەن ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەرگە خورلۇق ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى، بىر ئىبرەت ھەم ئالاقزادىلىك چىقارغۇچى بولىسەن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم!\x + \xo 5:15 \xt قان. 28‏:37\x* \m \v 16 مەن ئۇلارغا ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى، ئاچارچىلىق زەھەرلىك ئوقلىرىنى ياغدۇرغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ئاچارچىلىقنى كۈچەيتىمەن، ۋە يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن. \f □ \fr 5:16 \ft \+bd «... يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نان بولغان ھاساڭ»نى سۇندۇرىۋېتىمەن»؛ 4-باب، 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:16 \xt لاۋ. 26‏:26؛ 2پاد. 6‏:25؛ يەش. 3‏:1؛ ئ‍ەز. 4‏:16؛ 14‏:13\x* \v 17 ۋە ئۈستۈڭلارغا ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان ئاچارچىلىق ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ ۋابا كېسىللىرى ۋە قان تۆككۈچىلەر ئاراڭلارغا يامراپ كېتىدۇ؛ ئۈستۈڭلارغا قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم!».\x + \xo 5:17 \xt لاۋ. 26‏:22\x* \b \b \m \c 6 \s1 ئىسرائىل تاغلىرىغا قارىتىلغان بېشارەت \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەپ بېشارەت بەرگىن: ــ \x + \xo 6:2 \xt ئ‍ەز. 36‏:1\x* \m \v 3 «ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: رەب پەرۋەردىگار تاغلار ۋە ئېگىزلىكلەرگە، ۋادىلار ۋە جىلغىلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچنى چۈشۈرۈپ، «يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن. \f □ \fr 6:3 \ft \+bd ««يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن»\+bd* ــ «يۇقىرى جايلار» ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا ئۇزۇندىن بېرى تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەرخىل بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەتتا ئاشۇ جايلاردا «ئىنسان قۇربانلىق»لارنى قىلىپ كەلگەن (21:16، 26:20 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).\f* \v 4 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قۇربانگاھلىرىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بۇتلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاشلايمەن. \f □ \fr 6:4 \ft \+bd ««كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ»\+bd* ــ «كۈن تۈۋرۈكلىرى» ياكى «قۇياش بۇتلىرى» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىسرىقگاھلار».\f* \v 5 ئىسرائىللاردىن بولغان ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن.\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «.... ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن»\+bd* ــ شۇ چاغدىكى بۇتپەرەسلەر: «قۇربانگاھ»لىرىمىز جەسەتلەر ياكى ئادەم ئۇستىخانلىرىغا تېگىشى بىلەن «بۇلغىنىپ»، «ھارام» بولغان،شۇڭا ئۇنى قايتىدىن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارايتتى\f* \m \v 6 سىلەر تۇرغان بارلىق جايلاردا شەھەرلەر يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، «يۇقىرى جايلار» ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھلىرىڭلار ھالاك بولىدۇ، بۇتلىرىڭلار چېقىلىپ يوقىلىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار كېسىلىپ غۇلىتىلىدۇ، ۋە ھەممە ياسىغىنىڭلار يوق قىلىۋېتىلىدۇ؛ \f □ \fr 6:6 \ft \+bd ««كۈن تۈۋرۈكلىرى»\+bd* ــ ياكى «قۇياش بۇتلىرى» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىسرىقگاھلار».\f* \v 7 ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاراڭلاردا يىقىلىشى بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 8 بىراق مەن سىلەردىن بىر قالدىنى قالدۇرىمەن؛ چۈنكى يات مەملىكەتلەرگە تارقىتىۋېتىلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ئەللەر ئارىسىدا قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولىدۇ. \v 9 ۋە سىلەردىن \add قىلىچتىن\add* قۇتۇلۇپ قالغانلار سۈرگۈن قىلىنغان مەملىكەتلەردە مەندىن يانغان ۋاپاسىز قەلبلىرى ۋە بۇتلىرىغا پاھىشىۋازلاردەك ھەۋەس قىلغان كۆزلىرى بىلەن باغرىمنى پارە-پارە قىلغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلغان رەزىللىكلىرى ھەم يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئۆزلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. \v 10 ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ مەن مۇشۇ كۈلپەتنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن دېگەنلىكىم بىكاردىن-بىكار ئەمەس». \m \v 11 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن: «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق قەبىھ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىلىچ، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ دېگىن!\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «... ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن»\+bd* ــ مۇشۇ ھەرىكەتلەر مۇشۇ يەردە كىشىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 6:11 \xt ئ‍ەز. 21‏:22\x* \m \v 12 يىراقتا تۇرغان ۋابادىن ئۆلىدۇ؛ يېقىندا تۇرغان قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ ھەم تىرىك قالغان، يەنى مۇھاسىرىگە چۈشكەن كىشى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا بولغان قەھرىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن. \v 13 ئەمدى ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۆز بۇتلىرى ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى ئەتراپىدا، ئۆز بۇتلىرىغا خۇشبۇي ياققان ھەر بىر ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە، تاغ چوققىلىرىدا، بارلىق يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا ياتقان چاغدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا...»\+bd* ــ ئىسرائىللار مۇشۇ جايلاردا ئۆلگۈچىلەرنى دەپنە قىلاتتى (مەسىلەن، «يار.» 8:35). مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار كېيىنرەك مۇشۇ جايلارنى «تاۋاپگاھ»غا ئايلاندۇرۇپ، شۇ يەردە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا دۇئا قىلغان. مۇشۇنداق قىلمىشلار تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان (مەسىلەن، «قان.» 11:18)\f* \v 14 ۋە مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سوزىمەن، ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».\f □ \fr 6:14 \ft \+bd «ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى جەنۇبىي چۆل-باياۋاندىن رىبلاتقىچە (يەنى، ئىسرائىلنىڭ ئەڭ شىمالىي شەھەرلىرىن بىرى) ۋەيران قىلىۋېتىمەن». ئىبرانىي تىلىدا «دىبلات» بىلەن «رىبلات» يېزىلىشى بىر-بىرىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، كۆچۈرگۈچى كاتىپلار ئەسلىي تېكىستنىڭ «رىبلات» دېگەن سۆزىنى خاتا كۆچۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 7 \s1 خاتىمە ۋاقتى كەلدى! \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 «سەن ئاڭلا، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېدى: خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ!\f □ \fr 7:2 \ft \+bd «خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ!»\+bd* ــ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر (يوئېل، ئاموس، يەشايا، ھوشىيا، مىكاھ قاتارلىقلار) خۇدانىڭ مۇشۇ جازاسى توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن. ئەزاكىيال پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە، ۋاقتى-سائىتى ھازىر بولىدۇ، دەيدۇ.\f* \m \v 3 ساڭا ھازىر خاتىمە بېرىلىدۇ! ئۆز غەزىپىمنى بېشىڭغا چۈشۈرىمەن، ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىمەن. \v 4 مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ ئەكسىچە ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ئۆز يىرگىنچلىكلىرىڭ ئۆز ئاراڭدا بولىدۇ؛ ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر».\x + \xo 7:4 \xt ئ‍ەز. 5‏:11؛ 8‏:18\x* \m \v 5 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالايىئاپەت! ھېچ بولۇپ باقمىغان بالايىئاپەت كېلىدۇ! مانا، ئۇ كەلدى! \m \v 6 خاتىمە، خاتىمە! ئۇ ساڭا قارشى قوزغالدى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! \m \v 7 ھالاكەت يېنىڭغا كەلدى، ئى زېمىندا تۇرغۇچى؛ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى؛ خۇشاللىق ۋارقىراشلىرى ئەمەس، بەلكى داۋالغۇلۇق بىر قىيقاس-سۈرەن تاغلاردا ئاڭلىنىدۇ. \f □ \fr 7:7 \ft \+bd «ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى...»\+bd* ــ مۇشۇ «كۈن» «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» يەنى «قىيامەت كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ. ئەزاكىيال پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بار: ــ (1) بابىل ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ يەھۇدىيلارنى پۈتۈنلەي سۈرگۈن قىلىدۇ؛ (2) كەلگۈسىدە، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە؛ شۇ كۈنى دەججالنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان كۆپ يەرلىرى بولىدۇ.\f* \v 8 مەن تېزلا قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ، ساڭا قاراتقان غەزىپىم بىلەن پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىمەن. \v 9 مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ۋە ئۆز يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ ئۆز ئاراڭغا چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇرغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 10 مانا، ئاشۇ كۈن! مانا ئۇ كەلدى! ھالاكەت چىقىپ يۈرىۋاتىدۇ! ــ تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى! \f □ \fr 7:10 \ft \+bd «تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى!»\+bd* ــ مۇشۇ «تاياق» ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ــ كېيىنكى 10-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئۇنىڭ «بىخلانغانلىقى» بەلكىم ئۇنى جازالايدىغان ۋاقىت-سائەت توشقان، دېمەكچى.\f* \v 11 زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭكىدىن ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ ئۇلارنىڭ ئادەملەر توپىدىن، دۆلەت-بايلىقلىرىدىن ياكى ھەيۋىسىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ. \f □ \fr 7:11 \ft \+bd «زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زوراۋانلىق يېتىلىپ، رەزىللىكنى جازالايدىغان تاياق بولۇپ چىقتى» ــ بىراق بىزنىڭچە بۇ «تاياق» 10-ئايەتتىكى تاياققا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.\f* \v 12 ۋاقىت-سائىتى كەلدى، كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. \f □ \fr 7:12 \ft \+bd «ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ»\+bd* ــ بالايىئاپەت چۈشكەن كۈنلەردە كۆپ نەرسىلەرنىڭ باھاسى دەرھال چۈشىدۇ. شۇ چاغدا ئالغۇچى كىشى بەلكىم: «ناھايىتى ئەرزانغا ئالدىم» دەپ خۇشاللىنىدۇ، ساتقۇچى كىشى بەلكىم «بەك ئەرزان سېتىپتىمەن» دەپ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.\f* \v 13 چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ توپ كىشىلەر توغرۇلۇق كۆرۈنگەن بېشارەت ئىناۋەتسىز بولمايدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ.\f □ \fr 7:13 \ft \+bd «چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ»\+bd* ــ ئەگەر ساتقان نەرسە يەر بولسا، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مىراسلىق توغرىسىدىكى قانۇن بويىچە، ساتقۇچى ئۇنى (مۇۋاپىق باھاسىدا) قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقى بار. ئەمدى ساتقان نەرسە يەر بولسۇن بولمىسۇن، ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ۋاقتى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم سۈرگۈن بولۇپ ئېپكېتىلىدۇ. \+bd «ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ».\f* \m \v 14 ئۇلار كاناينى چېلىپ ھەممىنى تەييارلىدى، بىراق ھېچكىم جەڭگە چىقمايدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان. \v 15 تالادا قىلىچ، ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق تۇرىدۇ؛ دالادا بولغان كىشىنى قىلىچ، شەھەردە بولغان كىشىنى بولسا، ۋابا ۋە ئاچارچىلىق ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ. \v 16 ۋە ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىپ بۇلاردىن قاچقانلار تاغلاردا يۈرۈپ ھەربىرى ئۆز قەبىھلىكى ئۈچۈن جىلغىدىكى پاختەكلەردەك بۇقۇلداپ ماتەم تۇتىدۇ. \m \v 17 ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ \f □ \fr 7:17 \ft \+bd «ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، قورقۇنچتىن شۇنداق بولىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەربىرىنىڭ تىزلىرى سۇدەك ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ».\f*  \x + \xo 7:17 \xt يەش. 13‏:7؛ يەر. 6‏:24\x* \v 18 ئۇلار ئۆزىگە بۆز كىيىمىنى باغلايدۇ، ۋەھشەت ئۇلارنى باسىدۇ؛ ھەرقايسىنىڭ يۈزىدە خىجالەت، باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ. \f □ \fr 7:18 \ft \+bd «بۆز كىيىمى»\+bd* ــ ماتەم تۇتۇش ياكى قاتتىق توۋا قىلىشنى بىلدۈرەتتى. \+bd «باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ»\+bd* ــ ماتەم تۇتقاندا، قاتتىق پۇشايمان قىلغاندا ئەر كىشىلەر چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى.\f*  \x + \xo 7:18 \xt يەش. 15‏:2، 3؛ يەر. 48‏:37\x* \v 19 ئۇلار ئۆز كۈمۈشلىرىنى كوچىلارغا تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرى پەرۋەردىگار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە ئۇلارنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار بۇلاردىن ئاچلىقىنى قاندۇرالمايدۇ، قورسىقىنى تولدۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى. \f □ \fr 7:19 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ»\+bd* ــ «بۇلغانغان بەرسە» (ياكى «نىجىس نەرسە») مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «يىراق قىلىنغان نەرسە»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. \+bd «بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى»\+bd* ــ «بۇ نەرسىلەر» بەلكىم ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بولغان بايلىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىغان بۇتلار بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 7:19 \xt پەند. 11‏:4؛ زەف. 1‏:18\x* \v 20 ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى؛ بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە لەنەتلىك نەرسىلىرىنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن ئۇنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىققا ئايلاندۇرىمەن. \f □ \fr 7:20 \ft \+bd «ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى»\+bd* ــ «ئۇ» ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز بىزنىڭچە مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قارىتىلغان (بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان، ئەسلى ئىنتايىن گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى). ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۆزى گۈزەل بۇيۇملىرىدىن پەخىرلەنگەن، بىراق ئۇلار بۇلاردىن يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن بۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىككە ئايلاندۇرىمەن». \fp مۇشۇ ئايەتتىكى «پاسكىنچىلىك» ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «يىراق قىلىنغان نەرسە»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 21 مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار بۇنى بۇلغايدۇ. \f □ \fr 7:21 \ft \+bd «مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن»\+bd* ــ «ئۇنى» مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. \fp \fp 20-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگەن ئىككىنچى تەرجىمە بويىچە، «ئۇنى» ئىسرائىللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 22 مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن ئۆرۈيمەن، ۋە كىشىلەر مېنىڭ ئەزىز جايىمنى بۇلغايدۇ؛ زوراۋانلار كىرىپ ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. \m \v 23 زەنجىرنى تەييارلاڭلار؛ چۈنكى زېمىن قانلىق جىنايەتلەرگە، شەھەر زوراۋانلىققا تولغان. \v 24 شۇڭا مەن ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ رەزىلىنى كەلتۈرىمەن، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ مەن زومىگەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ. \f □ \fr 7:24 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس جايلىرى» بەلكىم ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بۇتلارغا بېغىشلىغان جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 25 ۋەھشەت كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار تىنچ-ئامانلىقنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ، بىراق ھېچ تاپالمايدۇ. \v 26 ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت، شۇم خەۋەر ئۈستىگە شۇم خەۋەر كېلىدۇ؛ ئۇلار پەيغەمبەردىن بېشارەت سورايدۇ، بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى، ئاقساقاللاردىن، مويسىپىتلەردىن نەسىھەت يوقاپ كېتىدۇ. \f □ \fr 7:26 \ft \+bd «بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى... يوقاپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «تەۋرات»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «يوليورۇق»، «تەربىيە».\f* \v 27 پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، شاھزادە ئۈمىدسىزلىككە چۆمۈلىدۇ، زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئۆز يوللىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن، ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە ئۇلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. \b \b \m \c 8 \s1 يېرۇسالېمنىڭ جازالىرى •••• مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا بولغان بۇتپەرەسلىكلەر \m \v 1 ئالتىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدىكى، مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئولتۇرغىنىمدا، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا، رەب پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى.\f □ \fr 8:1 \ft \+bd «ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا...»\+bd* ــ ئاقساقاللار بەلكىم پەيغەمبەردىن نەسىھەت سورىغىلى كەلدى. پەيغەمبەر خۇدادىن جاۋاب كۈتكەندە ۋەھىي ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ.\f* \m \v 2 مەن قارىدىم، مانا، ئوتنىڭ قىياپىتىدە بىر زاتنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ بېلىنىڭ تۆۋىنى ئوت تۇرقىدا تۇراتتى؛ بېلىنىڭ ئۈستى بولسا جۇلالىغان يورۇقلۇق، قىزىتىلغان مىس پارقىرىغاندەك كۆرۈنۈش تۇراتتى. \v 3 ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى. \f □ \fr 8:3 \ft \+bd «روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، ... ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. \+bd ««پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەسەتكە تەۋە مەبۇد، يەنى (خۇدانىڭ) ھەسىتىنى قوزغايدىغان مەبۇد».\f*  \x + \xo 8:3 \xt دان. 5‏:5\x* \v 4 مانا، مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى.\x + \xo 8:4 \xt ئ‍ەز. 3‏:23\x* \m \v 5 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ باق، دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قارىدىم، مانا، قۇربانگاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، بوسۇغىدا شۇ «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشلاشقان مەبۇد» تۇراتتى. \v 6 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ــ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنى مۇقەددەس جايىمدىن يىراق كەتكۈزىدىغان، مۇشۇ يەردە قىلغان ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆردۈڭسەن؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. \m \v 7 ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئاپاردى، مەن قارىدىم، مانا، تامدا بىر تۆشۈك تۇراتتى. \v 8 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، تامنى كولاپ تەشكىن، دېدى. مەن تامنى كولاپ تەشتىم، مانا، بىر ئىشىك تۇراتتى. \v 9 ئۇ ماڭا: ــ كىرگىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە قىلغان رەزىل يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرۈپ باق، دېدى. \v 10 مەن كىرىپ قارىدىم، مانا، ئەتراپىدىكى تاملارغا نەقىش قىلىنغان ھەرخىل ئۆمىلىگۈچى ھەم يىرگىنچلىك ھايۋانلارنى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ھەممە بۇتلىرىنى كۆردۈم. \m \v 11 ۋە بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شافاننىڭ ئوغلى جائازانىيا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدا ئۆز خۇشبۇيدېنىنى تۇتۇپ تۇراتتى؛ خۇشبۇي قۇيۇق بۇلۇتتەك ئۆرلەپ چىقتى. \v 12 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ؛ پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى» ــ دەيدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟»\+bd* ــ مۇشۇ ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە («ھەربىرىنىڭ ئۆز ... ھۇجرىسىدا») نېمە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ كۆرۈنۈشنى ئاساسەن «سىمۋول» دەپ قارايمىز؛ شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئىبادەتخانىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 8:12 \xt ئ‍ەز. 9‏:9\x* \m \v 13 ۋە ئۇ ماڭا: ــ بىراق سەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى كۆرىسەن، دېدى. \v 14 ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى؛ مانا، شۇ يەردە «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ» يىغلاۋاتقان ئاياللار ئولتۇراتتى. \f □ \fr 8:14 \ft \+bd «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلاۋاتقان ئاياللار»\+bd* ــ «تاممۇز» ــ يەنى «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پادىشاھى» دېيىلگەن بىر بۇد. رىۋايەتلەر بويىچە ئۇ ئۆلۈپ، تەھتىساراغا چۈشۈپ تەھتىسارانىڭ پادىشاھى بولدى. ئۇنىڭ «ئۆلۈمى» تۈپەيلىدىن ھەر يىلى ئۇنىڭغا چوقۇنغان ئاياللار «ماتەم تۇتۇش»ى كېرەك ئىدى.\f* \v 15 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. \m \v 16 ۋە ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاپاردى. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش يولىدا، پېشايۋان ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يىگىرمە بەش ئادەم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى. \f □ \fr 8:16 \ft \+bd «...پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى»\+bd* ــ بۇ بابتا ئېيتىلغان بەش ھەرىكەت ئىچىدە بۇ ھەرىكەت ئەڭ يىرگىنچلىك بولدى. چۈنكى: (1) ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىنى قىلىشى مۇتلەق كۇپۇرلۇق بىر ئىش؛ (2) ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارە كۇپۇرلۇق قىلدى؛ (3) ئۇ كۇپۇرلۇق دەل خۇدادىن رەھىم-شەپقەت سورايدىغان جايدا بولدى («يوئېل» 17:2نى كۆرۈڭ).\f* \v 17 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ يەھۇدا جەمەتى ئۆزى مۇشۇ يەردە قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېنىك دەپ، ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە زېمىننى جەبىر-زۇلۇم بىلەن تولدۇرۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قايتا-قايتا قوزغاتسا بولامدۇ؟ ۋە مانا، ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا! \f □ \fr 8:17 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا!»\+bd* ــ «شاخنى بۇرنىغا تۇتۇش» دېگەن ھەرىكەت توغرىسىدا ئۈچ پىكىر بار: ــ (1) قەدىمكى زامانلاردا بەزى بۇتپەرەس مىللەتلەر ئۆز بۇتلىرىغا چوقۇنغاندا چېچەكلىگەن بىر شاخنى بۇرنىغا تۇتاتتى. شۇڭا بۇ ھەرىكەت بۇتپەرەسلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەھۇدىيلار خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ خۇداغا ھۆرمەت بىلدۈرىشەتتى؛ ئۇنداق بولغاندا، خۇدا شۇنداق ساختىپەزلىك ھەم بۇتپەرەسلىك بىلەن باغلانغان ئىبادەت ئىپادىلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايتتى؛ (3) ئۇنداق ھەرىكەت پەقەتلا پەرۋەردىگارغا بولغان ئىنتايىن ھۆرمەتسىزلىكنى، يەنى كۇپۇرلۇقنى بىلدۈرەتتى. بىزنىڭچە، بەلكىم 2-پىكىر توغرىدۇر.\f* \v 18 شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، ــ دېدى.\x + \xo 8:18 \xt پەند. 1‏:28؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ ئ‍ەز. 5‏:11؛ 7‏:4\x* \b \b \m \c 9 \s1 يەتتە جازانى بەجا كەلتۈرگۈچىلەر \m \v 1 ئۇ قۇلىقىمغا كۈچلۈك بىر ئاۋازدا توۋلاپ: ــ يېقىن كېلىڭلار، شەھەرگە مەسئۇل بولغۇچىلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ھالاكەت قورالىڭلارنى قولۇڭلارغا تۇتۇڭلار، ــ دېدى. \m \v 2 ۋە مانا، ئالتە كىشىنىڭ \add ئىبادەتخانىنىڭ\add* شىمالىغا قارايدىغان «يۇقىرى دەرۋازا» تەرەپتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن بىرسى بار ئىدى؛ ۋە ئۇلار \add ئىبادەتخانىغا\add* كىرىپ، مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇردى. \f □ \fr 9:2 \ft \+bd «ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان...»\+bd* ــ ياكى «ھەربىرىسى قولىدا جەڭ توقمىقىنى تۇتقان...».\f* \v 3 شۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. پەرۋەردىگار يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ \f □ \fr 9:3 \ft \+bd «ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى»\+bd* ــ «تۆت مەخلۇق» بولسا «كېرۇب»لاردىن ئىبارەتتۇر (10-بابنى كۆرۈڭ). بىراق مۇشۇ يەردە ئېيتىلغان «كېرۇبلار» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا قويۇلغان ئىككى «ئالتۇن كېرۇب» شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ يورۇقلۇق شان-شەرىپى شۇ يەردە («ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا، قېلىن بىر پەردە كەينىدە) سۇلايمان ئىبادەتخانىنى قۇرغاندىن بېرى تۇرۇپ كەلگەنىدى. ھازىر ئەزاكىيال كۆرىدۇكى، ئۇ ھەم ئىبادەتخانىدىن ھەم ئىسرائىلنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ.\f* \m \v 4 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «...ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن»\+bd* ــ بۇ «بەلگە» (ئىبرانىي تىلىدا «تاۋ» دېگەن ھەرپ) قەدىمكى زامانلاردا كرېست ياكى چاپراس (+) شەكلىدە ئىدى.\f* \m \v 5 ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار! \v 6 بىرنىمۇ قويماي ھەممىنى ــ قېرىلار، ياش يىگىت-قىزلار، بوۋاق-بالىلار ۋە ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ پەقەت بەلگە قويۇلغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماڭلار؛ بۇ ئىشنى ئۆز مۇقەددەس جايىمدىن باشلاڭلار، ــ دېدى. \m شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا تۇرغان ھېلىقى ئاقساقاللاردىن باشلىغان. \v 7 ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۆينى بۇلغاڭلار، ھويلىلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار؛ ئەمدى بېرىڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىقىپ شەھەر بويىچە ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىدى. \m \v 8 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئادەملەرنى قىرغىنىدا، مەن يالغۇز قالدىم؛ ئۆزۈمنى يەرگە دۈم تاشلىدىم ۋە: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟ ــ دېدىم.\f □ \fr 9:8 \ft \+bd «سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟»\+bd* ــ ئادەتتە «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى» دېگەن ئىبارە پۈتۈن خەلق ئارىسىدا، خۇداغا سادىق بولغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئەزاكىيال مۇشۇ يەردە (خۇدانىڭ 9-10-ئايەتتە بولغان جاۋابىغا قارىغاندا) بەلكىم يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ؛ «شىمالىي پادىشاھلىق»، يەنە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن ئونى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بالدۇر مۇنقەرىز قىلىنىپ سۈرگۈن بولدى، پەقەت ئىككى قەبىلە، يەنى «يەھۇدا ۋە بىنيامىن» (جەنۇبىي پادىشاھلىق) قالدى.\f* \m \v 9 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى ئىنتايىن رەزىل؛ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. \v 10 «مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 9:10 \xt ئ‍ەز. 5‏:11؛ 7‏:4؛ 8‏:18\x* \m \v 11 ۋە مانا، يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنىنى ئاسقان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشى قىلغان ئىشنى مەلۇم قىلىپ: «ماڭا سەن بۇيرۇغان ئىشنى ئورۇندىدىم» ــ دېدى. \b \b \m \c 10 \s1 خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ \m \v 1 مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەز ئۈستىدە، كۆك ياقۇتنىڭ قىياپىتىدەك بىر تەختنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ \v 2 ۋە \add تەختكە ئولتۇرغۇچى\add* كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «كېرۇبلارنىڭ ئاستىدىكى چاقلارنىڭ ئارىسىغا كىر، قوللىرىڭنى كېرۇبلار ئارىسىدا كۆيۈۋاتقان چوغلارغا تولدۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئۈستىگە چېچىۋەت» ــ دېدى. مەن قارىدىم، ئۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. \m \v 3 بۇ كىشى كىرگەندە كېرۇبلار ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇراتتى؛ \add شان-شەرەپلىك\add* بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى. \f □ \fr 10:3 \ft \+bd «شان-شەرەپلىك بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى»\+bd* ــ «شان-شەرەپلىك بۇلۇت»، 4:1نى كۆرۈڭ.\f* \v 4 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كېرۇب ئۈستىدىن چىقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى؛ ئۆي بۇلۇتقا تولدى، ھويلا بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ جۇلالىقىغا چۆمگەن. \v 5 كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ساداسى ھەممىدىن قادىرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ئاۋازىدەك بولۇپ، سىرتتىكى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. \m \v 6 ۋە شۇنداق بولدىكى، \add رەب\add* كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «چاقلار ئارىسىدىن، يەنى كېرۇبلار ئارىسىدىن ئوت ئالغىن» ــ دەپ بۇيرۇغىنىدا، ئۇ كىرىپ بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى. \v 7 ۋە كېرۇبلاردىن بىرى ئۆز قولىنى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئۇنىڭدىن ئوت ئېلىپ، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنىڭ قوللىرىغا سالدى؛ ئۇ بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى \v 8 (كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا، ئادەمنىڭ قوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى). \m \v 9 مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ يېنىدا تۆت چاق بار ئىدى، بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا بىر چاق، يەنە بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا يەنە بىر چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ قىياپىتى بولسا بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى. \x + \xo 10:9 \xt ئ‍ەز. 1‏:16\x* \v 10 ئۇلارنىڭ شەكلى بولسا، تۆتىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىدى، يەنى چاق ئىچىدە چاق باردەك كۆرۈنەتتى. \v 11 كېرۇبلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆتىلا تەرەپكە ئۇدۇل قاراپ ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى، بەلكى بېشى قايسى تەرەپكە قارىغان بولسا، ئۇلار شۇ تەرەپكە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچ بۇرۇلمايتتى. \v 12 ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنى، دۈمبىلىرى، قوللىرى، قاناتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاقلىرىمۇ، يەنى تۆتىسىگە تەۋە چاقلارنىڭ ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. \v 13 چاقلارنى بولسا: «پىرقىرايدىغان چاقلار!» ــ دەپ ئاتىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. \v 14 ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزى، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزى، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزى ئىدى.\f □ \fr 10:14 \ft \+bd «ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى...»\+bd* ــ 10:1-ئايەتتە، «كېرۇبنىڭ يۈزى»نىڭ ئورنىدا، «بۇقىنىڭ يۈزى» كۆرۈنىدۇ. شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، «كېرۇب»لار ئۆزى بۇقىنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنىدۇ.\f* \m \v 15 كېرۇبلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بۇلار دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن ھايات مەخلۇقلار ئىدى. \v 16 كېرۇبلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ كېرۇبلار يەردىن ئۆرلەشكە قاناتلىرىنى كۆتۈرگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇرۇلۇپ كەتمەيتتى. \x + \xo 10:16 \xt ئ‍ەز. 1‏:19\x* \v 17 ئۇلار تۇرغاندا، چاقلارمۇ تۇراتتى؛ ئۇلار كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. \x + \xo 10:17 \xt ئ‍ەز. 1‏:20\x* \v 18 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئۈستىدىن چىقىپ، كېرۇبلار ئۈستىدە تۇردى؛ \v 19 كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ، كۆز ئالدىمدا يەردىن كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى. \m \v 20 بۇلار بولسا دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن، ئىسرائىل خۇداسىنىڭ ئاستىدا تۇرغان مەخلۇقلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كېرۇبلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. \x + \xo 10:20 \xt ئ‍ەز. 1‏:3\x* \v 21 ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى، ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنسان قولى سىياقىدىكى قوللىرى بار ئىدى. \x + \xo 10:21 \xt ئ‍ەز. 1‏:6، 8؛ 10‏:8، 14\x* \v 22 ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىياپىتى بولسا، ئۇلار مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن يۈزلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە يۈزلىرى مەن كۆرگەنگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭاتتى. \b \b \m \c 11 \s1 يېتەكچىلەرنىڭ جازالىنىشى \m \v 1 روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ۋە مانا، دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا يىگىرمە بەش ئادەم تۇراتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاۋامنىڭ ئاقساقىلى بولغان، ئاززۇرنىڭ ئوغلى جائازانىيا ھەم بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيانى كۆردۈم. \v 2 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر. \v 3 ئۇلار: «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 11:3 \ft \+bd «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش»\+bd* ــ بېشارەت بېرىلگەن چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى مۇھاسىرىگە چۈشكەن بولسا كېرەك. بۇ ئادەملەر «بىزگە چاتاق بولمايدۇ، بىز يەنە نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدۇق» دېگەن قاراشتا بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدىن «شەھەر قازان، بىز گۆش» دېگىنى، بەلكىم «ئوت قازاندىكى گۆشنى كۆيدۈرمەيدۇ، ئەھۋالىمىز ئىنتايىن راھەت-پاراغەتلىكتۇر» دېگەنلىكتۇر. ئەزاكىيال پەيغەمبەر بۇ ئىبارىنى باشقا تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ بېشارەت قىلىدۇ. «بىز گۆش» دېگەن سۆزنىڭ بەلكىم يەنە بىر ئىچكى مەنىسى باركى، «بىز شەھەردە قالغان، ئېسىل گۆشمىز (خۇدا بىزنى ساقلىغان)، بىراق ئەزاكىيال بىلەن بىللە سۈرگۈن بولغانلار بولسا، پەقەت «ئۈچەي-قارىن»لاردۇر» دېگەن ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. \fp (ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۆيلەرنى سېلىشنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشمىدى؛ شەھەر بولسا...»).\f* \v 4 شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگىن؛ ــ بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى! ــ دېدى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا ئۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ماڭا سۆز قىلغان: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» ــ دېگىن. «سىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىڭلارنى، ئى ئىسرائىل جەمەتى؛ كۆڭلۈڭلەرگە پۈككەن ئوي-پىكرىڭلارنى، مەن بىلىمەن. \v 6 سىلەر مۇشۇ شەھەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ سىلەر رەستە-كوچىلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرغانسىلەر». \m \v 7 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆلتۈرگەن كىشىلەر بولسا، دەل شۇ گۆشتۇر، شەھەر بولسا قازاندۇر؛ بىراق سىلەرنى بولسا ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن. \v 8 سىلەر قىلىچتىن قورقۇپ كەلگەنسىلەر، ۋە مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچ چۈشۈرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 9 «شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى شەھەردىن تارتىۋېلىپ، يات ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. \v 10 سىلەر قىلىچلىنىپ يىقىلىسىلەر؛ ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «...ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن»\+bd* ــ بابىل ئىمپېراتورى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى ئىسرائىلنىڭ چېگراسىدا (لىبناھ شەھىرىدە) سوت قىلدى («2پاد.» 6:25-7، 18-21 ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).\f* \v 11 بۇ شەھەر سىلەر ئۈچۈن «قازان» بولمايدۇ، ھەم سىلەرمۇ ئۇنىڭكى «گۆش»ى بولمايسىلەر؛ مەن ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. \v 12 ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرمىگەن، ھۆكۈملىرىم بويىچە ماڭمىغانسىلەر، بەلكى ئۆپچۆرەڭلاردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە ماڭغانسىلەر». \m \v 13 شۇنداق بولدىكى، مەن بېشارەت بېرىۋاتقىنىمدا، بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيا جان ئۈزدى. مەن دۈم يىقىلدىم: «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇسەن؟» ــ دەپ قاتتىق ئاۋازدا نىدا قىلدىم. \b \m \s1 خۇدانىڭ سۈرگۈن بولغان ئىسرائىللارغا يېڭى ۋەدىسى ــ يېڭى قەلب، يېڭى روھ \m \v 14 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 15 ئى ئىنسان ئوغلى، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن گېپى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەرگە ھەم ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. \f □ \fr 11:15 \ft \+bd «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن...\+bd* ــ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ: «سۈرگۈن قىلىنغانلار (يەنى يەھۇدادىن خېلى بۇرۇن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەر ھەمدە 150 يىل ئىلگىرى سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىلدىكى ئون قەبىلە) ناھايىتى گۇناھكار ئادەملەردۇر، شۇڭا خۇدا ئۇلارنى سۈرگۈن قىلدۇردى، بىز بولساق پاك ئادەممىز، خۇدا مۇشۇ زېمىننى بىزگە قالدۇردى» دېگەن قارىشى بار ئىدى. بۇنداق تەكەببۇرلۇقنى خۇدا جازالايدۇ. \fp «سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەر» دېگەن تېكىستنىڭ باشقا بىرخىل ۋارىيانتى: «قېرىنداشلىرىڭ بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ».\f* \v 16 شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: گەرچە مەن ئۇلارنى يىراق يەرلەرگە، ئەللەر ئارىسىغا يۆتكىۋەتكەن ھەم مەملىكەتلەر ئىچىگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار بارغان يەرلەردىمۇ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا كىچىككىنە بىر پاك-مۇقەددەس باشپاناھ بولىمەن».\f □ \fr 11:16 \ft \+bd «پاك-مۇقەددەس باشپاناھ»\+bd* ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇقەددەس جاي» ياكى «ئىبادەتخانا» دېگەن سۆز. مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بىر يەردە قۇرۇلۇشى خۇدانىڭ شۇ يەردە قوغدىغۇچى ۋە باشپاناھ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئۇلار (بۇتپەرەس) ئەللەر ئارىسىدا بولسىمۇ، خۇدا (ئۇلار ئۇنى ئىزدىگەن بولسا) ئۇلارغا جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتە باشپاناھ بولۇپ، ئۇلارنى تىنچ ساقلايدۇ ۋە ئۇلارغا دۇرۇس يوللاردا مېڭىشقا يەنە ياردەمچى بولىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...مەن ئۇلارغا قىسقا ۋاقىت بىر پاك-مۇقەددەس باشپاناھ بولدۇم».\f* \m \v 17 شۇڭا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن. \v 18 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار بارلىق لەنەتلىك نەرسىلەرنى ھەم بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۇ يەردىن يوق قىلىدۇ. \m \v 19 مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن. \f □ \fr 11:19 \ft \+bd «ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز: «ئۇلارغا گۆشلۈك بىر قەلبنى بېرىمەن» دېگەنلىكتۇر.\f*  \x + \xo 11:19 \xt يەر. 32‏:39؛ ئ‍ەز. 36‏:26\x* \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرىدۇ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.\x + \xo 11:20 \xt يەر. 24‏:7؛ 30‏:22؛ 31‏:1؛ 32‏:38\x* \m \v 21 بىراق كۆڭۈللىرى لەنەتلىك نەرسىلەرگە ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىغا بېغىشلانغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».\x + \xo 11:21 \xt ئ‍ەز. 9‏:10\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ شان-شەرىپى يېرۇسالېمدىن چىقىپ كېتىدۇ \m \v 22 كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛ \v 23 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى. \f □ \fr 11:23 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ... شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى»\+bd* ــ بۇ تاغ «زەيتۇن تېغى»دۇر. ئەزاكىيال پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى شۇ ۋاقىتتا يەنە كۆرمىدى. ئەزاكىيالنىڭ ھەممە بېشارەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، خۇدانىڭ شان-شەرىپى شۇ چاغدا تاغدا ئۇزۇن تۇرماي ئىسرائىل زېمىنىدىنمۇ مۇتلەق كەتتى. بىراق كېيىن (43-بابتا) ئۇ مۇشۇ شان-شەرەپ يەنە شەرق تەرىپىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.\f* \v 24 شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى. \f □ \fr 11:24 \ft \+bd «روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ... مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى»\+bd* ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى.\f* \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن مەن سۈرگۈن بولغانلارغا پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. \b \b \m \c 12 \s1 يېرۇسالېم ئاھالىسىنىڭ سۈرگۈن بولۇشىنىڭ سۈرەتلىنىشى \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئاسىي بىر جەمەت ئارىسىدا تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە كۆزى بار ئەمما كۆرمەيدۇ، ئاڭلاشقا قۇلىقى بار، ئەمما ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. \x + \xo 12:2 \xt يەش. 6‏:9؛ يەر. 5‏:21؛ ئ‍ەز. 2‏:3-8؛ 3‏:26 ،27\x* \v 3 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، سۈرگۈن بولغۇچىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەييارلاپ قويغىن؛ ۋە كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولغۇچىدەك ئۆز جايىڭدىن باشقا جايغا بارغىن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بىر جەمەت بولسىمۇ، ئېھتىماللىقى يوق ئەمەسكى، ئۇلار چۈشىنىپ يېتىدۇ. \v 4 كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك-تاقلاردەك يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولىدىغان كىشىلەردەك جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛ \f □ \fr 12:4 \ft \+bd «كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك-تاقلاردەك يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ... جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛...»\+bd* ــ 4-6-ئايەتلەردىكى بۇيرۇق بەلكىم 3-ئايەتتىكى بۇيرۇقنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرىدۇ.\f* \v 5 تامنى كولاپ تېشىپ، يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىققىن؛ \f □ \fr 12:5 \ft \+bd «تامنى كولاپ تېشىپ، ... چىققىن»\+bd* ــ «تام» بەلكىم ھويلىنىڭ تېمى.\f* \v 6 ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇنى مۈرۈڭگە ئېلىپ، گۇگۇمدا كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىن؛ يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم.\f □ \fr 12:6 \ft \+bd «...يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم»\+bd* ــ بۇ بېشارەت كېيىنكى ئايەتلەردە (11-14) چۈشەندۈرۈلىدۇ.\f* \m \v 7 ۋە مەن بۇيرۇلغان بويىچە شۇنداق قىلدىم؛ كۈندۈزدە مەن سۈرگۈن بولغۇچى كىشىدەك يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ چىقتىم؛ ۋە كەچ كىرگەندە قولۇم بىلەن تامنى كولاپ تېشىپ، يۈل-تاقىلىرىمنى چىقىرىپ، گۈگۈمدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭدىم. \m \v 8 ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ \v 9 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى، يەنى ئاسىي بىر جەمەت، سەندىن: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ» دەپ سورىغان ئەمەسمۇ؟ \v 10 ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: بۇ يۈكلەنگەن ۋەھىي يېرۇسالېمدىكى شاھزادە ھەم شۇ يەردىكى بارلىق ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر توغرۇلۇقتۇر» ــ دېگىن.\f □ \fr 12:10 \ft \+bd «يېرۇسالېمدىكى شاھزادە»\+bd* ــ زەدەكىيا پادىشاھتۇر. بىراق ئەزاكىيال پەيغەمبەر بەلكىم ئۇنى ئەرزىمەس دەپ قارىغاچقا، ئۇنى ھەرگىز «پادىشاھ» دېمەيدۇ.\f* \m \v 11 ئۇلارغا: «مەن سىلەر ئۈچۈن بېشارەت. مەن قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى ئۇلارغىمۇ شۇنداق ئىشلار قىلدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولىدۇ» ــ دېگىن. \v 12 ئۇلار ئارىسىدىكى شاھزادە ئۆز يۈك-تاقلىرىنى گۇگۇمدە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئۇلار تامنى كولاپ تېشىپ تۆشۈكتىن نەرسىلىرىنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆز يۈزىنى يېپىپ زېمىننى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. \x + \xo 12:12 \xt 2پاد. 25‏:4\x* \v 13 شۇنىڭ بىلەن ئۆز تورۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يايىمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ. \f □ \fr 12:13 \ft \+bd «...ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەت تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. زەدەكىيا پادىشاھ بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان مۇھاسىرىسى ئاستىدا بۆسۈلگەن سېپىلدىن ئۆتۈپ قاچماقچى ئىدى. بابىل ئەسكەرلىرى ئۇنى تۇتۇۋېلىپ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى، نېبوقادنەسار ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى. ئۇ بابىلدا ئۆلدى («يەر.» 11:52نى، «2پاد.» 1:25-7نى كۆرۈڭ). مۇشۇ تېكىستلەردە دېيىلگەن «ئىشىك» بەلكىم توسۇلغان ياكى بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قېچىش ئۈچۈن «تامنى كولاش» كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 12:13 \xt ئ‍ەز. 17‏:20\x* \v 14 ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئۆپچۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم بارلىق قوشۇنلىرىنى مەن بارلىق شامالغا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. \x + \xo 12:14 \xt ئ‍ەز. 5‏:10،12\x* \v 15 مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكىنىمدە، مەملىكەتلەر ئىچىگە تاراتقىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. \m \v 16 بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىنى، قىلىچ، ئاچارچىلىق ھەم ۋابا كېسىلىدىن خالاس قىلىمەن؛ مەقسىتىم شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرى بارىدىغان ئەللەردە ئۆزلىرىگە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».\f □ \fr 12:16 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «ئۇلار» بەلكىم يات ئەللەر؛ ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنى باسقان بالايىئاپەتلەرنى ئىسرائىللاردىن ئاڭلاپ، بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى دەپ چۈشىنىدۇ.\f* \b \m \v 17 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 18 «ئىنسان ئوغلى، ئۆز نېنىڭنى تىترىگەن ھالدا يېگىن، سۈيۈڭنى دىر-دىر قىلىپ ئەنسىرىگەن ھالدا ئىچكىن؛ \v 19 ھەم شۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە ئىسرائىل زېمىنىدە تۇرۇۋاتقانلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆز نېنىنى ئەنسىرەش ئىچىدە يەيدۇ، سۈيىنى دەككە-دۈككىدە ئىچىدۇ؛ چۈنكى زېمىندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ جەبىر-زۇلۇمى تۈپەيلىدىن، ئۇ يەر ھەممىسى يەكسان قىلىنىدۇ. \x + \xo 12:19 \xt ئ‍ەز. 4‏:16\x* \v 20 ئاھالىلىك شەھەرلەر خارابە بولۇپ، زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». \m \v 21 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 22 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدە: «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ» دېگەن ماقالنى ئېيتقىنى نېمىسى؟ \f □ \fr 12:22 \ft \+bd «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ»\+bd* ــ بۇ ماقال بەلكىم ئىسرائىللارنىڭ كۆپ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بولغان گۇمانلىرىنى ياكى بەلكى خەلقنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماسلىققا بولغان باھانىسىنى ئىپادىلەيدۇ.\f* \v 23 ئەمدى ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ماقالنى يوق قىلىمەن؛ ئىسرائىلدا بۇ ماقال ئىككىنچى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ سەن ئەكسىچە ئۇلارغا: «كۈنلەر يېقىنلاشتى، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىمۇ يېقىنلاشتى» ــ دېگىن. \v 24 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدە يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش» ياكى ئادەمنى ئۇچۇرۇدىغان پالچىلىقلار قايتا بولمايدۇ. \v 25 چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سۆز قىلىمەن، ھەم قىلغان سۆزۈم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا، ئى ئاسىي جەمەت، مەن سۆز قىلىمەن ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». \m \v 26 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 27 «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر سېنىڭ توغرۇلۇق: «ئۇ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ئۇزۇن كۈنلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ» ــ دەيدۇ. \v 28 شۇڭا ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ سۆزلىرىمدىن ھېچقايسىسى يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بەلكى قىلغان سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن». \b \b \m \c 13 \s1 ساختا پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئاگاھ \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 «ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئىسرائىلنىڭ بېشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلىرى، يەنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بېشارەت بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!» ــ دېگىن. \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز روھىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ھېچ ۋەھىينى كۆرمىگەن ھاماقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! \v 4 ئى ئىسرائىل، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ خۇددى خارابىلەر ئارىسىدا يۈرۈۋاتقان تۈلكىلەردەك بولدى. \v 5 سىلەر بۆسۈلگەن جايلارغا چىقمىغانسىلەر، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە بولىدىغان جەڭدە پۇختا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بۇزۇلغان تېمىنى ھېچ ياسىمىدىڭلار.\f □ \fr 13:5 \ft \+bd «سىلەر بۆسۈلگەن جايلارغا چىقمىغانسىلەر، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە .. ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بۇزۇلغان تېمىنى ھېچ ياسىمىدىڭلار»\+bd* ــ بۇ گەپمۇ ساختا پەيغەمبەرلەرگە ئېيتىلغان: 4-ئايەت بويىچە ئۇلار «خارابىلەر ئارىسىدا يۈرگەن تۈلكىلەردەك» بولىدۇ ــ بەلكىم ئىسرائىل جەمئىيىتىنىڭ بۇزۇلغان ئەھۋالىغا زادىلا قارىماي، پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈن كىچىككىنە بىر «ئۇۋا تۆشۈكىنى» كولاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.\f* \m \v 6 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگۈچىلەر بولسا پەقەت ساختا بىر كۆرۈنۈشنى ۋە يالغان پالنى كۆرگەنلەردىن ئىبارەتتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەۋەتمىگەن؛ بىراق ئۇلار ئۆز سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. \v 7 سىلەر «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگىنىڭلاردا، مەن ھېچ سۆز قىلمىغان تۇرسام، سىلەر ساختا بىر «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن، يالغان پالنى ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ \v 8 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئويدۇرما سۆزلىگىنىڭلار، يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش»لەرنى كۆرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ئەمدى مانا، مەن سىلەرگە قارشىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، \v 9 ــ مېنىڭ قولۇم ساختا «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ۋە يالغان پالنى ئېيتقان پەيغەمبەرلەر بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۆز خەلقىمنىڭ كېڭىشىدە ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنمەيدۇ؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا ھېچ كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 10 بەرھەق، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ «تىنچ-ئامانلىق!» دەپ جار سېلىپ، خەلقىمنى ئېزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىرسى نېپىز ئارا تامنى قوپۇرسا، ئۇلار كېلىپ پەقەت ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ــ \v 11 تامنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىۋاتقانلارغا: «بۇ تام يىقىلىدۇ!» دېگىن! كەلكۈندەك بىر يامغۇر ياغىدۇ! ئى يوغان مۆلدۈرلەر، سىلەر چۈشىسىلەر! دەھشەتلىك بىر شامال چىقىدۇ؛ \f □ \fr 13:11 \ft \+bd «تامنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىۋاتقانلارغا: «بۇ تام يىقىلىدۇ!» دېگىن!»\+bd* ــ ئەزاكىيال ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەسئۇلىيەتسىز تامچىلارغا ئوخشىتىدۇ. نېپىز بىر تامنى پۇختا سۇۋاپ كۈچەيتىشنىڭ ئورنىدا، ئۇلار پەقەت چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇنى ھاك بىلەن ئاقارتىدۇ.\f* \v 12 ۋە مانا، تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، خەق سىلەردىن: «سىلەر بۇ تامنى سۇۋىغان ھاك سۇۋاق قېنى!» دەپ سورىمامدۇ؟ \m \v 13 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز قەھرىم بىلەن دەھشەتلىك بىر شامال پارتلىتىپ چىقىرىمەن؛ مېنىڭ ئاچچىقىمدىن كەلكۈندەك بىر يامغۇر ۋە ھەممىنى ھالاك قىلىدىغان قەھرلىك مۆلدۈرلەر ياغىدۇ. \v 14 شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەر ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقان تامنى غۇلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلىنى ئاشكارە قىلىپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ ئۇ غۇلاپ چۈشكەندە، سىلەر ئۇنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر؛ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \v 15‏-16 شۇنداق قىلىپ مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە: «تام يوق بولدى، شۇنداقلا ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلار، يەنى يېرۇسالېم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچى، ھېچ تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ ئۇ توغرۇلۇق تىنچ-ئامانلىقنى كۆرسەتكەن «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ يوق بولدى» ــ دەيمەن».\f □ \fr 13:15‏-16 \ft \+bd «مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە ... دەيمەن»\+bd* ــ مەزكۇر بېشارەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايەت بويىچە بۇ «نېپىز تام» يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ، ئەمدى ساختا پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭ بۇزۇق يەرلىرىنى پۇختا قىلماي، پەقەت ھەممىسى چىرايلىق كۆرۈنسۈن دەپ ئۇنى «ساختا بېشارەتلەر» بىلەن ئاقارتىدۇ.\f* \b \m \s1 «ئايال پەيغەمبەرلەر» توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 17 «ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە بېشارەت بەرگۈچى ئۆز خەلقىڭنىڭ قىزلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ \m \v 18 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز بېغىشلىرىنىڭ ھەربىرىگە \add سېھىرلىك\add* بىلەزۈكلەرنى قاداپ، جانلارنى تۇزاققا ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئېگىز-پاكار ئادەملەرنىڭ بېشىغا پەرەنچىنى ياسىغانلارغا ۋاي! ئەمدى سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ جانلىرىنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، جانلىرىڭلارنى ساق قالدۇرىمىز دەۋاتامسىلەر؟ \f □ \fr 13:18 \ft \+bd «ئۆز بېغىشلىرىنىڭ ھەربىرىگە سېھىرلىك بىلەزۈكلەرنى قاداپ، ... ھەرقانداق ئېگىز-پاكار ئادەملەرنىڭ بېشىغا پەرەنچىنى ياسىغانلارغا ۋاي!»\+bd* ــ ئاياللار بۇ «بىلەزۈك» ۋە «پەرەنجە»لەرنى قانداق ئىشلەتكەنلىكى ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئارقىلىق سېھىرلىك، جادۇگەرلىك يولىدا ھەرقانداق ئادەملەرنى دەمىدى قىلىپ ئۆز ئىندىكىگە كەلتۈرمەكچى بولغان؛ 19-ئايەت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىزگە تەمىنلەيدۇ.\f* \v 19 نەچچە تۇتام ئارپا، نەچچە چىشلەم ناننى دەپ سىلەر ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىپ، يالغان سۆزگە قۇلاق سالىدىغان مېنىڭ خەلقىمگە يالغانچىلىقىڭلار ئارقىلىق ئۆلمەسكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تىرىك قالماسلىققا تېگىشلىكلىرىنى ھايات قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟\x + \xo 13:19 \xt مىك. 3‏:5\x* \m \v 20 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن سىلەرنىڭ قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك كىشىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرگۈچى سېھىرلىك «تېڭىق»لىرىڭلارغا قارشىمەن، مەن ئۇلارنى بىلىكىڭلاردىن يىرتىپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك تۇتقان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئۇچۇرىۋېتىمەن. \m \v 21 مەن سىلەرنىڭ پەرەنجىلىرىڭلارنىمۇ يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار يەنە قولۇڭلاردا ئولجا بولۇپ تۇرمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 22 سىلەر يالغانچىلىق بىلەن، ئۆزۈم ئازار بەرمىگەن ھەققانىي ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قۇتقۇزۇشقا ئۇلارنى رەزىل يولىدىن ياندۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قولىنى كۈچەيتكىنىڭلار ئۈچۈن، \v 23 سىلەر قۇرۇق «ئالامەت كۆزۈنۈش»لەرنى ئىككىنچى بولۇپ كۆرمەيسىلەر، ياكى يالغان پالچىلىق قىلمايسىلەر؛ مەن ئۆز خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». \b \b \m \c 14 \s1 بۇتپەرەسلىك قىلىدىغانلارغا ۋاي! \m \v 1 ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئالدىمدا ئولتۇرۇشتى. \x + \xo 14:1 \xt ئ‍ەز. 20‏:1\x* \v 2 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 3 «ئى ئىنسان ئوغلى، مۇشۇ ئادەملەر ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىگە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدەپ مەندىن يول سورىشىنى قوبۇل قىلامدىمەن؟ \v 4 ئەمدى ئۇلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىدىكى كۆڭلىدە ئۆز بۇتلىرىنى تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن پەيغەمبەر ئالدىغا كېلىدىغان ھەربىر ئادەمنى بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە جاۋاب قايتۇرىمەن. \v 5 شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى». \m \v 6 ــ شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «توۋا قىلىڭلار! بۇتلىرىڭلاردىن يېنىپ \add يېنىمغا\add* قايتىپ كېلىڭلار! بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلاردىن يۈزۈڭلارنى ئۆرۈڭلار! \v 7 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئۆزلىرىنى مەندىن ئايرىپ، ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىدە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن مەندىن سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان ھەرقايسى ئادەم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى مۇساپىرلار بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن؛ \v 8 مەن مۇشۇ كىشىنى بىر ئاگاھ بېشارىتى قىلىپ ئۇنى سۆز-چۆچەككە قالدۇرۇشقا يۈزۈمنى ئۇنىڭغا قارشى قىلىمەن؛ مەن خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \x + \xo 14:8 \xt قان. 28‏:37؛ ئ‍ەز. 5‏:15\x* \v 9 بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛ مەن ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى ئۇزارتىپ، ئۇنى خەلقىم ئارىسىدىن ھالاك قىلىمەن. \f □ \fr 14:9 \ft \+bd «بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛...»\+bd* ــ مۇشۇ دېگىنى، پەرۋەردىگار ئادەملەرنى ئېزىقتۇرۇشنى خالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىراق ئۆز ئادىمى بولغان پەيغەمبەر ئادەمگە خۇشامەت قىلماقچى بولسا ياكى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرىدىغان بولسا، ئەمدى شۇ چاغدا خۇدا ئۇنى ئازدۇرۇشى، ئېزىتقۇغا ئۇچرىتىشى ياكى يامان روھلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.\f*  \x + \xo 14:9 \xt ئ‍ەز. 13‏:1، 2، 9\x* \v 10 ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ پەيغەمبەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن سورىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشاش بولىدۇ. \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتى يەنە مەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، ياكى يەنە ئاسىيلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». \b \m \s1 كېلىۋاتقان جازانى ھەتتا ھەققانىي كىشىلەرمۇ ئىسرائىلدىن ياندۇرمايدۇ \m \v 12 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 13 «ئى ئىنسان ئوغلى، مەلۇم بىر زېمىن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ قىلغاندا، مەن شۇنىڭ بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان نېنىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىقنى ئەۋەتىمەن ھەم ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن؛ \f □ \fr 14:13 \ft \+bd «يۆلەنچۈكى بولغان نېنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نان بولغان ھاسىسى» دېيىلىدۇ؛ 16:4-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:13 \xt لاۋ. 26‏:26؛ ئ‍ەز. 4‏:16؛ 5‏:16\x* \v 14 ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 14:14 \ft \+bd «ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ،...»\+bd* ــ دانىيال پەيغەمبەر ئون ئۈچ يىل ئىلگىرى بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ، ئاندىن نېبوقادنەسار ئۈچۈن باش ۋەزىر قىلىنغان.\f* \m \v 15 ئەگەر مەن زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆتكۈزسەم، ئۇلار ئۇنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلسا، ھايۋانلار تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولماي، ئۇ ۋەيرانە بولسا، \v 16 ئەمدى مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى، زېمىننىڭ ئۆزى ۋەيرانە پېتى قالاتتى. \m \v 17 ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا قىلىچنى چۈشۈرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، \v 18 ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى ساقلاپ قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. \m \v 19 ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، \v 20 ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغلىنى نە قىزىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ھەققانىيلىقى بىلەن ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. \m \v 21 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تۆت جازايىمنى، يەنى قىلىچ، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرسەم قانداق بولار؟ \m \v 22 بىراق مانا، ئۇنىڭدا قېلىپ قالغانلار بولىدۇ، يەنى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلىپ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ مانا، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چىقىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن كۈلپەت، يەنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تەسەللى ئالىسىلەر؛ \v 23 ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ؛ سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭدا بارلىق قىلغان ئىشلىرىمنى بىكاردىن-بىكار قىلمىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».\f □ \fr 14:23 \ft \+bd «ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ...»\+bd* ــ ئەسلىدە سۈرگۈن بولغانلار يېرۇسالېمغا چۈشكەن بالايىئاپەتنى ئاڭلاپ بەلكىم ئىنتايىن ئازابلىنىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق قاچقانلار كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قىياپىتىنى ۋە قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئادىل جازاسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، «بۇ جازا ھەممىسى دۇرۇس» دەپ كۆڭلى جايىغا چۈشۈشى كېرەك.\f* \b \b \m \c 15 \s1 ئۈزۈم تېلى توغرۇلۇق تەمسىل \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئۈزۈم تېلى ياغىچىنىڭ باشقا دەرەخ ياغاچلىرىدىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنىڭ شېخىنىڭ ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ \v 3 ئۇنىڭدىن بىرەر جابدۇقنى ياساشقا ماتېرىيال ئالغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن چىنىلەرنى ئاسقۇدەك قوزۇقنى ياسىغىلى بولامدۇ؟ \v 4 مانا، ئۇ ئوتقا يېقىلغۇ بولغاندا، ئوت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆيدۈرگەندە، ئوتتۇرىسىمۇ يېرىم كۆيگەندە، ئەمدى ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ \v 5 مانا، ئۇ ساق بولغاندا، ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان يەردە، ئەمدى ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ يەپ كەتكەندە، ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ \m \v 6 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ياغىچىنى ئوتقا تاپشۇرغىنىمدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئوتقا تاپشۇرىمەن. \v 7 يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى قىلىپ قارىتىمەن؛ ئۇلار بىر ئوتتىن چىقسا، باشقا بىر ئوت ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. ئۆز يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى بولۇپ قاراتقاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \v 8 ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».\f □ \fr 15:8 \ft \+bd «...ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن»\+bd* ــ بۇ بابتىكى «ئۈزۈم تېلى» دېگەن تەمسىل ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 16 \s1 ۋاپاسىز يېرۇسالېم \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېرۇسالېمنىڭ يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەسلىي زاتىڭ ۋە تۇغۇلۇشۇڭ قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا بولغان؛ سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى. \f □ \fr 16:3 \ft \+bd «...سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەت ۋە كېيىنكى 1-14-ئايەتلەرنىڭ بەلكىم ئۈچ مۇھىم مەزمۇنى بار: (1) ئىبراھىم ئۆزى ئەسلى قانائاندىكىلەردەك بۇتپەرەس ئادەم ئىدى («يە.» 2:24) ــ خۇدا ئۇنى زور مېھىر-شەپقىتىدىن ئۆزىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئۈچۈن تاللىۋالغان؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ ئوغۇل-قىزلىرى يەرلىك (بۇتپەرەس قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي) قىز-يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان؛ (3) ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە قانائاندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەس يامان ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىناتايىن ئوخشاش بولۇپ كەتكەنىدى.\f* \v 4 سېنىڭ تۇغۇلۇشۇغا كەلسەك، سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كىندىكىڭ كېسىلمىگەن، سەن سۇدا يۇيۇلۇپ پاكىز قىلىنمىغان؛ ھېچكىم ساڭا تۇز سۈركمىگەن ياكى سېنى زاكىلىمىغان. \m \v 5 ھېچكىمنىڭ كۆزى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ساڭا رەھىم قىلمىغان ياكى ئىچىنى ساڭا ئاغرىتمىغان؛ ئەكسىچە سەن دالاغا تاشلىۋېتىلگەنسەن، چۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كەمسىتىلگەنسەن. \m \v 6 شۇ چاغدا مەن يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنى ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقىنىڭنى كۆرگەن؛ ۋە مەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. بەرھەق، سەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە مەن ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. \m \v 7 مەن سېنى دالادىكى ئوت-چۆپلەردەك ئاينىتتىم؛ سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ؛ كۆكسىلىرىڭ شەكىللەندى، چاچلىرىڭ ئۈزۈن ئۆستى؛ بىراق سەن تېخى تۇغما-يالىڭاچ ئىدىڭ. \f □ \fr 16:7 \ft \+bd «سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ»\+bd* ــ ئاخىرقى جۈملىگە قارىغاندا، «چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ» دېگەن سۆز كۆكسلىرى ۋە چاچلىرى تولۇق ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 8 مەن يەنە يېنىڭدىن ئۆتۈۋېتىپ ساڭا قارىدىم؛ مانا، ئىشق-مۇھەببەت مەزگىلىڭ يېتىپ كەلدى؛ مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم؛ مەن ساڭا قەسەم ئىچىپ، سەن بىلەن بىر ئەھدە تۈزدۇم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ۋە سەن مېنىڭكى بولدۇڭ. \f □ \fr 16:8 \ft \+bd «مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا ئەركەك كىشى قىزنىڭ ئۈستىگە كىيىم-كېچىكىنى يېپىشى شۇ قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. «رۇت» 9:3، «قان.» 30:22-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:8 \xt يار. 22‏:16؛ 24‏:7\x* \v 9 مەن سېنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، قېنىڭنى تېنىڭدىن يۇيۇۋېتىپ، ساڭا پۇراقلىق ماينى سۈرتتۈم. \v 10 مەن ساڭا كەشتىلىك كۆڭلەكنى كىيگۈزۈپ، ئايىغىڭغا دەلفىن تېرىسىدىن تىككەن كەشلەرنى ساپتىم؛ سېنى نېپىس كاناپ بىلەن ئوراپ، يىپەك بىلەن يېپىپ قويدۇم. \v 11 سېنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىم، قوللىرىڭغا بىلەزۈكلەرنى، بوينۇڭغا مارجاننى تاقاپ قويدۇم؛ \v 12 بۇرنۇڭغا ھالقىنى، قۇلاقلىرىڭغا زىرىلەرنى، بېشىڭغا گۈزەل تاجنى كىيگۈزدۇم. \v 13 شۇنداق قىلىپ سەن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن پەردازلاندىڭ؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭ نېپىس كاپاپ، يىپەك ۋە كەشتىلىك رەختتىن ئىدى. يېگىنىڭ ئاق ئۇن، بال ھەم زەيتۇن مېيى ئىدى؛ سەن ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، خانىش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدۇڭ. \v 14 گۈزەللىكىڭ تۈپەيلىدىن ئەللەردە داڭقىڭ چىقتى؛ چۈنكى مەن ساڭا كۆركەملىكىمنى بېغىشلىشىم بىلەن گۈزەللىكىڭ كامالەتكە يەتتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 15 بىراق سەن گۈزەللىكىڭگە تايىنىپ، داڭقىڭدىن پايدىلىنىپ پاھىشە بولدۇڭ؛ سەن ھەربىر ئۆتكۈچى كىشىگە پاھىشە مۇھەببەتلىرىڭنى تۆكتۈڭ؛ گۈزەللىكىڭ ئۇنىڭ بولدى! \v 16 سەن كىيىم-كېچەكلىرىڭدىن ئېلىپ ئۆزۈڭ ئۈچۈن رەڭگارەڭ بېزەلگەن «يۇقىرى جايلار»نى ياساپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ باقمىغان، ۋە ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ!\f □ \fr 16:16 \ft \+bd «يۇقىرى جايلار»\+bd* ــ بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان جايلار: 3:6-ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 17 سەن مەن ساڭا بېغىشلىغان گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىم ۋە ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. \f □ \fr 16:17 \ft \+bd «ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن»\+bd* ــ «بۇزۇقلۇق» بولسا بۇتقا چوقۇنۇشنى ئىنساننىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقىغا ئوخشىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانائاندىكى بۇتلارغا چوقۇنۇشتەك «دىنىي مۇراسىملار» كۆپ ۋاقىتلاردا شەھۋانىي بۇزۇقلۇق، پاھىشىۋازلىق بىلەن باغلىق ئىدى.\f* \v 18 سەن ئۆز كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ئۇلارغا كىيگۈزدۈڭ؛ مېنىڭ مېيىم ۋە مېنىڭ خۇشبۇيۇمنى ئۇلارغا سۇنۇپ بېغىشلىدىڭ؛ \v 19 مەن ئۆزۈڭگە بەرگەن نېنىمنى، مەن ساڭا ئوزۇققا بەرگەن ئاق ئان، زەيتۇن مېيى ۋە بالنى بولسا، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا خۇشپۇراق ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتاپ سۇندۇڭ: ئىشلار دەل شۇنداق ئىدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 20 ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، \v 21 سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ \x + \xo 16:21 \xt يەش. 57‏:5\x* \m \v 22 سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ. \v 23 ئەمدى سېنىڭ بۇ رەزىللىكلىرىڭدىن كېيىن ــ (ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار) \v 24 سەن يەنە ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر پەشتاق قۇرۇپ، ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ؛ \f □ \fr 16:24 \ft \+bd «سەن... ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ»\+bd* ــ پاھىشە ئاياللار بەلكىم كوچىلاردا يۇقىرى بىر جايدا تۇرۇپ «خېرىدارلار»نى چاقىراتتى. مۇشۇ يەردە «يۇقىرى جاي» ئەمدى ئىككى بىسلىق بولۇپ، يەنە «بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 25 سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىدا «يۇقىرى جاي»ىڭنى سالدىڭ؛ سەن ئۆز گۈزەللىكىڭنى يىرگىنچلىك قىلىپ، تېنىڭنى ھەربىر ئۆتكۈچىگە تۇتۇپ، پۇتۇڭنى ئېچىپ ئۆزۈڭنى بېرىپ پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. \v 26 سەن ئىشقۋاز ئەرلىكى چوڭ قوشناڭ بولغان مىسىرلىقلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۈڭ؛ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قوزغاپ، پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. \v 27 ۋە مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنىڭ نېسىۋەڭنى ئازايتىپ قويدۇم. مەن سېنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان، بۇزۇق يولۇڭدىن نومۇس قىلىپ چۆچىگەنلەرنىڭ، يەنى فىلىستىيلەرنىڭ قىزلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم.\x + \xo 16:27 \xt 2تار. 28‏:18\x* \m \v 28 سەن يەنە قانماي يەنە ئاسۇرىيلىكلەر بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۇڭ؛ بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. \v 29 شۇڭا سەن سودىگەرنىڭ زېمىنى، يەنى كالدىيە بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتىپ، بۇنىڭدىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. \v 30 مۇشۇنداق بارلىق ئىشلارنى، يەنى نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئىشلىرىنى قىلىسەن، نېمانچە سۇيۇق سېنىڭ قەلبىڭ! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، \v 31 ئۆزۈڭنىڭ پەشتىقىڭنى ھەر كوچىنىڭ بېشىدا قۇرىدىغان، ھەربىر مەيداندا «يۇقىرى جاي»ىڭنى ياسايدىغان! ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن پاھىشە ئايالدەك ئەمەس ئىدىڭ، چۈنكى سەن ھەقنى نەزىرىڭگە ئالمايتتىڭ! \m \v 32 ئى ۋاپاسىز ئايال، ئېرىنىڭ ئورنىدا يات ئادەملەرگە كۆڭۈل بېرىدىغان! \v 33 خەقلەر پاھىشە ئايالغا ھەمىشە ھەق بېرىدۇ؛ بىراق سەن ئاشنىلىرىڭنى بۇزۇقلۇق مۇھەببەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا ھەرياندىن يېنىڭغا كەلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۈستەك بېرىپ ئىنئام قىلىسەن؛ \v 34 بۇزۇقلۇقتا سەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەكسىسەن، چۈنكى ھېچكىم سېنىڭ بۇزۇق مۇھەببىتىڭنى ئىزدەپ كەلمىدى؛ سەن ئۈستەك بەردىڭ، ھېچ ھەق ساڭا بېرىلمىدى ــ سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەكسىسەن! \m \v 35 شۇڭا، ئى پاھىشە ئايال، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! \m \v 36 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ تەڭگىلىرىڭ تۆكۈلۈپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئۇيات يېرىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارلىق يىرگىنچلىك مەبۇدلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا ئاتاپ سۇنغان بالىلىرىڭنىڭ قېنى تۈپەيلىدىن ــ \m \v 37 شۇڭا مانا، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەيش-ئىشرەت مەنبەسى قىلغان، بارلىق سۆيگەن ھەم بارلىق نەپرەتلەنگەن ئاشنىلىرىڭنى يىغىمەن ــ مەن ئۇلارنى ساڭا قارشى چىقىرىپ ئەتىراپىڭدىن يىغىپ، سېنىڭ ئۇيات يېرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارە قىلىمەن، ئۇلار سېنىڭ بارلىق ئۇيات يېرىڭنى كۆرىدۇ. \v 38 شۇنىڭ بىلەن سېنى بۇزۇقلۇق قىلغان ھەم قان تۆككەن ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن؛ مەن قەھر بىلەن، ئوتتەك غەزىپىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈستۈڭگە قانلىق جازانى چۈشۈرىمەن؛ \v 39 ۋە مەن سېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ پەشتاقلىرىڭنى غۇلىتىدۇ، سېنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىڭنى چېقىپ تاشلايدۇ؛ ئۇلار كىيىم-كېچىكىڭنى ئۈستۈڭدىن سالدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلاپ-تالاپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرىدۇ. \v 40 ئۇلار ساڭا قارشى بىر توپ كىشىلەرنى يىغىپ ئېپكېلىدۇ، ئۇلار سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ ھەم سېنى قىلىچلىرى بىلەن چېپىۋېتىدۇ. \v 41 ئۇلار ئۆيلىرىڭنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىدۇ، كۆپ ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۈستۈڭگە جازالارنى چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى پاھىشە ئايال بولۇشتىن قالدۇرىمەن؛ سەن يەنە ھېچقانداق «مۇھەببەت ھەققى»نى بەرمەيسەن. \x + \xo 16:41 \xt 2پاد. 25‏:9؛ يەر. 52‏:13\x* \m \v 42 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا قاراتقان قەھرىمنى توختىتىمەن، مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ سەندىن كېتىدۇ؛ مەن تىنچلىنىپ قايتا ئاچچىقلانمايمەن. \f □ \fr 16:42 \ft \+bd «مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ ھەسىتىم».\f* \v 43 سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن.\f □ \fr 16:43 \ft \+bd «...بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا نەپرەتلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟»\f*  \x + \xo 16:43 \xt ئ‍ەز. 9‏:10؛ 11‏:21؛ لاۋ. 19‏:29\x* \b \m \s1 يېرۇسالېم، سامارىيە ۋە سودوم \m \v 44 مانا، ماقاللارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەن توغرۇلۇق: «ئانىسى قانداق بولسا، قىزى شۇنداق بولار» دېگەن بىر ماقالنى تىلغا ئالىدۇ. \v 45 سەن ئۆز ئېرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاناڭنىڭ قىزىدۇرسەن؛ ھەم ئۆز ئەرلىرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ ئارىلىقىدىكىسەن؛ سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى. \f □ \fr 16:45 \ft \+bd «سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى»\+bd* ــ 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك: ــ ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەت ۋە كېيىنكى -1-14ئايەتلەرنىڭ بەلكىم ئۈچ مۇھىم مەزمۇنى بار: (1) ئىبراھىم ئۆزى ئەسلى قانائاندىكىلەردەك بۇتپەرەس ئادەم ئىدى («يە.» 2:24) ــ خۇدا ئۇنى زور مېھىر-شەپقىتىدىن ئۆزىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئۈچۈن تاللىۋالغان؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ ئوغۇل-قىزلىرى يەرلىك (بۇتپەرەس قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي) قىز-يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان؛ (3) ئىسرائىل قەنئان زېمىنىغا كىرگەندە قەنئاندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەس يامان ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىناتايىن ئوخشاش بولۇپ كەتكەنىدى.\f* \v 46 سېنىڭ ئاچاڭ بولسا سول تەرىپىڭدە تۇرغان سامارىيە، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛ سىڭلىڭ بولسا ئوڭ تەرىپىڭدە تۇرغان سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى. \m \v 47 سەن نە ئۇلارنىڭ يوللىرىدىدا ماڭمىغان، نە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلمىغانسەن؛ ياق! بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ. \f □ \fr 16:47 \ft \+bd «بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاز دەپ، سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ».\f* \v 48 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى؛ \f □ \fr 16:48 \ft \+bd «سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى»\+bd* ــ بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىبراھىمنىڭ دەۋرىدە سودوم شەھىرى ئەسلى بەچچىۋازلىق گۇناھى ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان.\f* \v 49 مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى. \f □ \fr 16:49 \ft \+bd «مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەت سودومنىڭ بەچچىۋازلىقىدىكى ئاساسىي گۇناھلىرىنى كۆرسىتىپ، بۈگۈنكى كۆپ باي دۆلەتلەرگە ياكى باي ئادەملەرگە چوڭقۇر ئاگاھ بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 16:49 \xt يار. 18‏:20-21؛ 19؛ ئام. 5‏:12\x* \v 50 ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى؛ مەن بۇنى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى يوقاتتىم.\x + \xo 16:50 \xt يار. 19‏:24\x* \m \v 51 سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى؛ ھالبۇكى، سەن بولساڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئاۋۇتۇپ قىلدىڭ؛ شۇنداق قىلىپ سەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاچا-سىڭلىڭنى خۇددى ھەققانىيدەك كۆرۈندۈرگەنىدىڭ. \f □ \fr 16:51 \ft \+bd «سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى..»\+bd* ــ «سامارىيە» مۇشۇ يەردە «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئون قەبىلىلىك «شىمالىي پادىشاھلىق»ىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن خۇدا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلدا ئۇلارنى جازالاپ سۈرگۈن قىلدى.\f* \v 52 سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛ ئەمدى سەنمۇ، ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! سېنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ نەپرەتلىك گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلار سەندىن ھەققانىي كۆرۈنىدۇ؛ شۇڭا سەنمۇ ئاچا-سىڭلىڭنى ھەققانىي كۆرسەتكىنىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قېلىپ شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر!\f □ \fr 16:52 \ft \+bd «سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ياخشى بىر ھۆكۈم چىقارغۇچى بولۇپ قالدىڭ؛...» ــ دېمەك، «ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىڭغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئادىل دەپ كۆرسەتتىڭ». بىراق 56-ئايەت بىزنىڭ تەرجىمىمىزنى قوللايدۇ، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 53 ۋە مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن، سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكتىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ \f □ \fr 16:53 \ft \+bd «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن.. چىقىرىپ، ... ئەسلىگە كەلتۈرىمەن»\+bd* ــ سودوم شەھىرى ئەسلى «ئۆلۈك دېڭىز» بويىدا ئىدى. «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 537-يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن ئاھالىلىك بولدى. سودوم شەھىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى دەل قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. \+bd «... سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن»\+bd* ــ بۇ بېشارەت بەلكىم پارس ئىمپېراتورى قورەشنىڭ بابىل ئىمپېرىيەسى سۈرگۈن قىلغان خەلقلەرنى ئازاد قىلىشلىرى بىلەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) قىسمەن باشلانغان؛ كەلگۈسىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز: 37-بابتا، «يەھۇدا» ۋە «ئىسرائىل»نىڭ يېڭىدىن «بىر خەلق» بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت بار.\f* \v 54 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە، سەن ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرىسەن، سېنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قالىسەن. \f □ \fr 16:54 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە...»\+bd* ــ بۇ تەسەللى بولسا ئەللەرنىڭ قالغانلىرىنىڭ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمغا چۈشۈرۈلگەن جازانى كۆرۈپ «بىز يامانلىق قىلدۇق، بىراق ئۇلار بىزدىن تېخىمۇ يامان قىلدى، تېخىمۇ ئېغىر جازانى كۆرىدۇ» دەپ تاپقان تەسەللىسى بولۇشى كېرەك.\f* \v 55 سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، سودوم ھەم قىزلىرى ئەسلى ھالىغا، سامارىيە ھەم قىزلىرىمۇ ئەسلى ھالىغا كېلىدۇ؛ سەنمۇ ۋە سېنىڭ قىزلىرىڭ ئەسلىي ھالىڭلارغا كېلىسىلەر. \v 56‏-57 سېنىڭ رەزىللىكىڭ پاش قىلىنماي، تەكەببۇرلۇقتا يۈرگەن كۈنۈڭدە، سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟ ئەمدى ھازىر سەن ئۆزۈڭ سۇرىيە قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەمدە فىلىستىيە قىزلىرى، يەنى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالدىڭ.\f □ \fr 16:56‏-57 \ft \+bd «سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىڭلىڭ سودومنى ھەتتا تىلىڭغا ئالمايتتىڭ».\f*  \x + \xo 16:56‏-57 \xt يەش. 9‏:10-16\x* \m \v 58 سەن بۇزۇقلۇقۇڭ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 59 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ \f □ \fr 16:59 \ft \+bd «ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە...»\+bd* ــ «ئەھدە» شۈبھىسىزكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدە («مىس.» 19-20-بابنى كۆرۈڭ).\f* \v 60 ھالبۇكى، مەن سېنىڭ بىلەن ياشلىق كۈنلىرىڭدە تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن، ھەم سەن بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن. \v 61 شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭدىن چوڭ ئاچىلىرىڭ ھەمدە سېنىڭدىن كىچىك سىڭىللىرىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭدا، سەن يوللىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجالەتكە قالىسەن؛ چۈنكى مۇشۇ \add ئاچا-سىڭىللىرىڭنى\add* ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ. \f □ \fr 16:61 \ft \+bd «...چۈنكى مۇشۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭنى ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ»\+bd* ــ ئاخىرقى زاماندا ئىسرائىل خەلقى كۆپ ئەللەرگە خۇدانىڭ يولىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى بىر ئۈلگە بولىدۇ. بۇ ئىشلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق «كونا ئەھدە» بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇلار بىلەن يېڭى «مەڭگۈلۈك ئەھدە»سى بىلەن بولىدۇ.\f* \v 62 مەن ئۆز ئەھدەمنى سەن بىلەن تۈزىمەن، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن؛ \v 63 شۇنىڭ بىلەن سېنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا، سەن قىلمىشلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجىل بولۇپ، شەرمەندىلىكىڭ تۈپەيلىدىن قايتىدىن ئاغزىڭنى ھېچ ئاچمايسەن.» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 17 \s1 ئىككى بۈركۈت توغرۇلۇق تەمسىل \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىل جەمەتىگە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «كەڭ قاناتلىق، زىچ رەڭگارەڭ ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شاخنى ئالدى؛ \f □ \fr 17:3 \ft \+bd «ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ...»\+bd* ــ تەمسىلدىكى «لىۋان» يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 ئۇ ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى. \f □ \fr 17:4 \ft \+bd «ئۇ (چوڭ بۈركۈت) ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى»\+bd* ــ تەمسىلدىكى بىرىنچى «چوڭ بۈركۈت» ــ بابىلنىڭ ئىمپېراتورى نېبوقادنەسار ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 598-يىلىدا يېرۇسالېمغا كېلىپ، يەكونىيا (ياش پادىشاھ)نى، بەزى خان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە زېمىندىكى ئەڭ ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنى بابىلغا ئاپاردى. بۇ تەمسىل 12-21-ئايەتتە چۈشەندۈرۈلىدۇ.\f* \v 5 ئۇ يەنە زېمىندىن باشقا ئۇرۇقنى ئېلىپ باغلىق بىر ئېتىزغا تىكتى؛ ئۇنى مول سۇلار بويىدا سېلىپ، سۈگەت تېلىدەك تىكلىدى. \m \v 6 ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ شاخلىرى \add بۈركۈت\add* تەرەپكە قاراپ ئۆستى، يىلتىزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلدى. شۇ يول بىلەن ئۇ ئۈزۈم تېلى بولۇپ، شاخلاندى، بىخلاندى.\f □ \fr 17:6 \ft \+bd «ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى»\+bd* ــ «ئۈزۈم تېلى» زەدەكىيا پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەسلىدە (خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە) بابىل ئىمپېراتورىغا بېقىنىپ روناق تاپتى.\f* \m \v 7 ئەمدى كەڭ قاناتلىق، زىچ پەيلىك يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى؛ ۋە مانا، بۇ ئۈزۈم تېلى «ئۇ مېنى سۇغارسۇن» دەپ، تىكىلگەن چۆنەكلىرىدىن يىلتىزلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ تارتتى، شاخلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ سوزدى؛ \f □ \fr 17:7 \ft \+bd «ئەمدى كەڭ قاناتلىق،... يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى»\+bd* ــ ئىككىنچى چوڭ بۈركۈت شۈبھىسىزكى، مىسىر پادىشاھى (پساممېتىكۇس II).\f* \v 8 مانا، ئۇ ئوبدان شاخلاپ مېۋە بەرسۇن، ئېسىل ئۈزۈم تېلى بولسۇن دەپ مۇنبەت ئېتىزدا، مول سۇلار بويىغا تىكىلگەنىدى». \m \v 9 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇ روناق تاپامدۇ؟ ئۇنى قاقشال قىلىۋېتىش ئۈچۈن \add بۈركۈت\add* يىلتىزلىرىنى يۇلۇپ، مېۋىسىنى كېسىۋەتمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى خازان بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنى يىلتىزلىرىدىن يۇلۇۋېلىشقا كۈچلۈك بىر بىلەك ياكى نۇرغۇن خەقلەرنىڭ ھېچ كېرىكى بولمايدۇ. \v 10 ئەمدى ھەتتا قايتىدىن تىكىلگەن بولسا، روناق تاپامدۇ؟ شەرق شامىلى ئۇنىڭغا تەگكەندىلا تازا قاغجىراپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ تىكىلىپ ئۆسكەن چۆنەكلىرىدە قاغجىراپ كېتىدۇ». \b \m \s1 تەمسىل چۈشەندۈرۈلىدۇ \m \v 11 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 12 «ئاسىي جەمەتتىن: «مۇشۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سوراپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مانا، بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ھەم شاھزادىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن بابىلغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. \m \v 13 شۇ ۋاقىتتا ئۇ پادىشاھنىڭ نەسلىدىن بىر كىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ يەنە زېمىندىكى ئېسىل-مۆتىۋەر بولغانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەتتى؛ \v 14 مەقسەت، پادىشاھلىقنىڭ تۆۋەن ئاجىز ھالەتتە بولۇپ، قەددىنى رۇسلىيالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئەھدىسىنى تۇتۇشى بىلەن جېنىنى جان ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى. \m \v 15 بىراق ئۇ مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى. ئەمدى ئۇ روناق تاپامدۇ؟ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى تىرىك قالامدۇ؟ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تىرىك قالامدۇ؟ \f □ \fr 17:15 \ft \+bd «بىراق ئۇ (زەدەكىيا) مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا (نېبوقادنەسارغا) ئاسىيلىق قىلدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە ئىنتايىن مۇھىم سۆز بار. نېبوقادنەسار ئۆزى بۇتپەرەس «كاپىر»، ئىدى. بىراق ئېنىق تۇرىدۇكى، خۇداغا ئىشەنگەن، ئىشەنمىگەن بولسۇن، ئۆز خەلقىدىن بىرسى باشقا بىرسى بىلەن ئەھدە ياكى توختام قىلغان بولسا، خۇدا مۇشۇنداق ئەھدىنى ئۆزىنىڭكى دەپ قارايدۇ؛ ھەرقانداق ئېتىقادچى باشقا بىر ئېتىقادچى بىلەن ياكى كاپىر بىلەن ئەھدە تۈزسە، ۋە ئەھدىسىنى بۇزسا، خۇدانىڭ ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. 19-20-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 17:15 \xt يەر. 37‏:5\x* \v 16 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ يەنى ئۇنىڭ قەسىمىنى كەمسىتكەن، ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلىدۇ. \m \v 17 بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن \add سېپىلغا\add* چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ، پوتەيلەرنى قۇرغاندا، پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. \f □ \fr 17:17 \ft \+bd «بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ،...»\+bd* ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە بابىللىقلارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ»\+bd* ــ دەرۋەقە پىرەۋننىڭ ياردىمى يوققا چىقتى («يەر.» 37-باب، 5-، 21-ئايەتنى ۋە 32-باب، 1-2-ئايەتنى سېلىشتۈرۈپ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 17:17 \xt 2پاد. 25‏:1؛ يەش. 29‏:3؛ ئ‍ەز. 4‏:2\x* \v 18 ئۇ قەسەمنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزدى؛ مانا، ئۇ قول ئېلىشىپ سۆز بەردى، بىراق ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى قىلدى؛ شۇڭا ئۇ تىرىك قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». \m \v 19 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن. \f □ \fr 17:19 \ft \+bd «بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن»\+bd* ــ يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، نېبوقادنەسار زەدەكىياغا ئىچكۈزگەن قەسەم ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى خۇدا «مېنىڭ قەسىمىم»، «مېنىڭ ئەھدەم» دەيدۇ.\f* \v 20 مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. \x + \xo 17:20 \xt يەر. 4‏:12؛ 25‏:31؛ ئ‍ەز. 12‏:13؛ 32‏:3\x* \v 21 ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىق قاچقانلار، بارلىق قوشۇنلىرى قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ بۇلاردىن قالغانلار ھەربىر شامالغا تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر».\x + \xo 17:21 \xt ئ‍ەز. 5‏:10، 12؛ 12‏:14؛ 16‏:40\x* \b \m \s1 كېدىر دەرىخى توغرۇلۇق باشقا بىر تەمسىل \m \v 22 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئېگىز كېدىرنىڭ ئۇچىدىن بىخ ئېلىپ تىكىمەن؛ ئۇنىڭ ياپياش شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدىن يۇمران بىرسىنى ئۈزۈپ، ئېگىز ھەيۋەتلىك تاغ ئۈستىگە تىكىمەن؛ \v 23 ئىسرائىل ئېگىزلىكىدىكى تاغقا مەن ئۇنى تىكىمەن؛ ئۇ ئوبدان شاخلاپ، مېۋە بېرىپ، ئېسىل كېدىر دەرىخى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار قونىدۇ؛ ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇلار قونۇپ تۇرىدۇ؛ \v 24 شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن».\f □ \fr 17:24 \ft \+bd «... مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئاخىرقى تەمسىل قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ۋە ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەربىر ئىسرائىلىي كىشى مەسىھنىڭ داۋۇت پادىشاھنىڭ نەسلىدىن چىققانلىقىنى بىلەتتى.\f* \b \b \m \c 18 \s1 ھەربىر ئادەمنىڭ خۇدا ئالدىدا بولغان جاۋابكارلىقى \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 «ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق سىلەر: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېسە، بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر زادى نېمە دېمەكچىسىلەر؟\f □ \fr 18:2 \ft \+bd «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېسە، بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئاتا-بوۋىمىز يامان ئىش قىلغان، بىراق بىز ئۇنىڭ يامان نەتىجىلىرىنى، خۇدانىڭ جازاسىنى كۆرىمىز. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 18:2 \xt يەر. 31‏:29\x* \m \v 3 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، سىلەر ئىسرائىل ئىچىدە مۇشۇ ماقالنى قايتىدىن ئىشلەتمەيسىلەر. \v 4 مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ. \b \m \s1 ئۈچ مىسال \m \v 5 بىرسى ھەققانىي بولسا، ئادىللىق ۋە ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، \v 6 ــ ئۇ نە تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، نە ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، نە قوشنىسىنىڭ ئايالىنى ھېچ بۇزمىغان، نە ئاي كۆرگەندە ئايالغا يېقىن كەلمىگەن \x + \xo 18:6 \xt لاۋ. 18‏:19،20 ؛ يەش. 57‏:7؛ 65‏:7\x* \v 7 نە ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، بەلكى قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن؛ \x + \xo 18:7 \xt مىس. 22‏:21، 26؛ لاۋ. 19‏:13؛ 25‏:14؛ قان. 15‏:7؛ 24‏:12؛ يەش. 58‏:7؛ مات. 25‏:3\x* \v 8 پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمەيدىغان، جازانە ئالمايدىغان، بەلكى قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىپ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرىدىغان؛ \x + \xo 18:8 \xt مىس. 22‏:25؛ لاۋ. 25‏:35، 36\x* \v 9 مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈملىرىمنى تۇتىدىغان بولسا ــ مانا مۇشۇ كىشى ھەققانىي، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 10 ئەگەردە ئۆز پۇشتى بولغان، زوراۋانلىق قىلغۇچى، قان تۆككۈچى بولغان، شۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان، ھەمدە يۇقىرىقى ياخشىلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىغان، بىر ئوغلى بولسا، ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزغان، \f □ \fr 18:10 \ft \+bd «شۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان، ھەمدە يۇقىرىقى ياخشىلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىغان، بىر ئوغلى بولسا»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇشۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان بىر ئوغلى بار بولسا، ــ (ئاتىسى ئۇلاردىن بىرىنى ھېچ قىلمىغان بولسىمۇ)، ــ »\f* \v 12 ئاجىز-نامراتلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، بۇلاڭچىلىق قىلغان، قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرمىغان، بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىگەن، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان، \v 13 پۇلنى ئۆسۈمگە بەرگەن، جازانە ئالغان بىر ئوغلى بولسا ــ ئەمدى ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇ ھايات قالمايدۇ؛ ئۇ مۇشۇنداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ جەزمەن ئۆلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۆز قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە چۈشىدۇ. \m \v 14 بىراق مانا، مۇشۇ كىشىمۇ بىر ئوغۇل تاپسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھەم كۆرگىنى بىلەن شۇنداق قىلمىسا \v 15 ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزمىغان، \v 16 ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، قەرزداردىن كاپالەت ئېلىشنى ھېچ ئۆزىگە تۇتمىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن، \f □ \fr 18:16 \ft \+bd «ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، قەرزداردىن كاپالەت ئېلىشنى ھېچ ئۆزىگە تۇتمىغان»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە قەرزداردىن «كاپالەت ئالسا» بولاتتى (مەسىلەن، پۇلنىڭ ئورنىغا كىيىم-كېچەك، قورال-ئەسۋاب ئالسا بولاتتى)، بىراق قەرزدار ئۇنىڭغا كېرەك بولغاندا، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى («مىس.» 26:22، «قان.» 6:24-17-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 17 ئۆز قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىدىغان، پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمىگەن، ئۆسۈم-جازانە ئالمىغان، بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان بولسا ــ ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلمەيدۇ، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ. \m \v 18 ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا، زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، ئۆز قېرىندىشىغا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ناتوغرا ئىشلارنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، مانا ئۇ ئۆز قەبىھلىكى ئىچىدە ئۆلىدۇ. \v 19 سىلەر: «نېمىشقا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؟» دەپ سورايسىلەر؛ بىراق ئوغۇل ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزگەن، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلغان؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ؛ \x + \xo 18:19 \xt قان. 24‏:16؛ 2پاد. 14‏:6؛ 2تار. 25‏:4\x* \v 20 گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ \v 21 ۋە رەزىل كىشى بارلىق سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. \v 22 ئۇنىڭ سادىر قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ھېسابىغا ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ قىلغان ھەققانىيلىقى بىلەن ھايات بولىدۇ. \m \v 23 مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھۇزۇر ئالامدىمەن؟ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ئەكسىچە، مەندىكى ھۇزۇر ئۇنىڭ ئۆز يولىدىن يېنىپ توۋا قىلغانلىلقىدىن ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 18:23 \xt ئ‍ەز. 33‏:11\x* \m \v 24 ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ. \m \v 25 ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 18:25 \xt ئ‍ەز. 33‏:17،20\x* \v 26 ھەققانىي كىشى ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ؛ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى بىلەن ئۇ ئۆلىدۇ. \v 27 ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ. \v 28 چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. \v 29 لېكىن ئىسرائىل جەمەتى «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيدۇ؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مېنىڭ يوللىرىم ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئادىل بولمىغىنى سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ \m \v 30 شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ. \x + \xo 18:30 \xt مات. 3‏:2\x* \v 31 ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ \f □ \fr 18:31 \ft \+bd «ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار»\+bd* ــ 19:11-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇ «يېڭى قەلب»، «يېڭى روھ» توۋا قىلىش يولىدا خۇدادىنلا كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 18:31 \xt يەر. 32‏:39؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26\x* \v 32 چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!».\f □ \fr 18:32 \ft \+bd «ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار»\+bd* ــ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ مۇھىم باب ئۈستىدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 18:32 \xt ئ‍ەز. 33‏:11\x* \b \b \m \c 19 \s1 ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيە \m \v 1 ــ «ئەمدى سەن، ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ مۇنداق دەپ ئوقۇغىن: ــ \m \v 2 «شىرلار ئارىسىدا ئاناڭ قانداق بىر چىشى شىر ئىدى! \m ئۇ ياش شىرلار ئارىسىدا ياتقان، ئۇ ئارسلانلىرىنى بېقىپ قۇۋۋەتلىدى. \m \v 3 ئۇ ئارسلانلىرىدىن بىرىنى چوڭ قىلدى، ئۇ ياش شىر بولۇپ چىقتى؛ \m ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ \m ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. \m \v 4 ئەللەر ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاڭلىدى؛ \m ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى؛ \m ئۇلار ئۇنىڭ بۇرنىغا ئىلمەكنى سېلىپ، \m مىسىر زېمىنىغا ئېپكەتتى.\x + \xo 19:4 \xt 2پاد. 23‏:33؛ يەر. 22‏:11\x* \m \v 5 چىش شىر ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى بىكار كۈتكىنىنى، \m ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ، \m ئۇ باشقا بىر ئارسلىنىنى ئېلىپ، \m ئۇنى بېقىپ ياش شىر قىلدى؛ \m \v 6 ئۇ شىرلار ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان كەزدى؛ \m ئۇ ياش شىر بولۇپ، \m ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ \m ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. \m \v 7 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ، \m ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابە قىلىۋەتتى؛ \m زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن دەككە-دۈككىگە چۈشتى. \m \v 8 ئاندىن ئەللەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى؛ \m ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تورىنى يېيىپ تاشلىدى؛ \m ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى. \m \v 9 ئۇلار بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ قەپەسكە سولىدى؛ \m ئۇنى بابىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپاردى؛ \m ئۇلار ئۇنى تورلىرىغا ئېلىۋالدى؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسرائىل تاغلىرىدا قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ.\x + \xo 19:9 \xt 2تار. 36‏:6\x* \m \v 10 سېنىڭ ئاناڭ ئۈزۈمزارىڭدا بىر ئۈزۈم تېلى ئىدى؛ \m ئۇ سۇ بويىدا تىكلەنگەنىدى؛ \m سۇلارنىڭ موللۇقىدىن، \m ئۇ ئىنتايىن مېۋىلىك، كۆپ شاخلىك بولدى. \m \v 11 ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى بار ئىدى، \m ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرنىڭ شاھانە ھاسىلىرىغا لايىق ئىدى؛ \m ئۇنىڭ بويى بۇلۇتلاردىنمۇ ئېگىز كۆككە تاقاشتى، \m ئۇ ئېگىزلىكى ۋە شاخلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئىدى؛ \m \v 12 بىراق ئۇ قەھر بىلەن يۇلۇندى، \m ئۇ يەرگە تاشلاندى، \m شەرق شامىلى مېۋىسىنى قۇرۇتىۋەتتى؛ \m ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى سۇندۇرۇلدى، قاغجىراپ كەتتى؛ \m ئوت ئۇلارنى يۇتۇۋالدى. \m \v 13 ھازىر ئۇ چۆل-باياۋاندا، \m چاڭقاق، سۇسىز بىر يەردە تىكىلدى؛ \m \v 14 ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، \m ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ شاھانە ھاسىسى بولغۇدەك كۈچلۈك شېخى قالمىدى. \m بۇ سۆزلەر مەرسىيەدۇر، بۇلار پەقەت مەرسىيە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ».\f □ \fr 19:14 \ft \+bd «ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى...»\+bd* ــ بۇ «شاخ» («شاخلاردىن بىرسى») زەكەرىيا پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ خۇداغا ئىشەنمەسلىكى ھەم ئەخمەقلىقى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۆپ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈردى («2پاد.» 17:24تىن 17:25-ئايەتكىچە كۆرۈڭ).\f* \b \b \m \c 20 \s1 ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقىنىڭ تارىخى ۋە خۇدانىڭ ئۇنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق پىلانى •••• ئاقساقاللار كېلىپ ئەزاكىيالدىن يول سورايدۇ \m \v 1 يەتتىنچى يىلى، بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سورىغىلى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. \m \v 2 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 3 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مەندىن سورىغىلى كەلدىڭلار؟ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مەن سىلەرنىڭ مەندىن سورىشىڭلارغا يولغا قويمايمەن. \v 4 ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن، ئى ئادەم بالىسى، ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ \x + \xo 20:4 \xt ئ‍ەز. 22‏:2؛ 23‏:36\x* \m \v 5 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئىسرائىلنى تاللىغان كۈنىدە، ياقۇپ جەمەتىنىڭ نەسلىگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۆزۈمنى ئۇلارغا ئايان قىلغىنىمدا، يەنى ئۇلارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ئۇلارغا: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگىنىمدە \x + \xo 20:5 \xt مىس. 3‏:8؛ 4‏:31؛ 6‏:7 \x* \v 6 ــ شۇ كۈنى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزدەپ تاپقان سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىن ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزەل زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلدىم؛ \v 7 مەن ئۇلارغا: «ھەربىرىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايڭلاردۇرمەن» ــ دېدىم. \m \v 8 لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايتتى؛ ھېچقايسىسى نە ئۆز كۆزى ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمىدى، نە مىسىرنىڭ بۇتلىرىدىن ھېچ ئايرىلمىدى. ئاندىن مەن قەھرىمنى مىسىر زېمىنى ئىچىدە ئۇلارغا تۆكۈپ، ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى باسىمەن، دېدىم ــ \v 9 ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئۇلار تۇرغان ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن چىقىرىشىم بىلەن ئۆزۈمنى ئايان قىلغانىدىم؛ \v 10 شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن \add تولۇق\add* چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم. \f □ \fr 20:10 \ft \+bd «شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن تولۇق چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ خۇدادىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشى مىسىردىن چىقىش جەريانىدىمۇ، ئۇلار تېخى مىسىر تېررىتورىيىسىدە بولغان چاغدىمۇ بار ئىدى. شۇ چاغدا خۇدا پەقەت ئۆز نامى ۋە ۋەدىسى ئۈچۈن بۇ «چىقىرىش» قۇتقۇزۇشىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۇلارنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ چۆلگە ئاپاردى.\f*  \x + \xo 20:10 \xt مىس. 13‏:18\x* \v 11 ۋە مەن بەلگىلىمىلىرىمنى بېرىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىمنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ــ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ.\x + \xo 20:11 \xt لاۋ. 18‏:5؛ قان. 30‏:15، 16، 19، 20؛ رىم. 10‏:5؛ گال. 3‏:12\x* \m \v 12 ئۆزۈم ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى بېشارەت بولسۇن دەپ، مېنىڭ ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن «شابات كۈن»لىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم؛ \f □ \fr 20:12 \ft \+bd «مېنىڭ ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن «شابات كۈن»لىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم»\+bd* ــ «شابات كۈنى» شەنبە كۈنى بولۇپ، خۇدا يەھۇدىيلارغا بېغىشلىغان دەم ئالىدىغان، خۇدانى سېغىنىدىغان كۈنى.\f*  \x + \xo 20:12 \xt مىس. 20‏:8؛ 31‏:13-17؛ 35‏:2\x* \v 13 لېكىن ئىسرائىل جەمەتى چۆل-باياۋاندا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىدى، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چەتكە قاقتى (ئەگەر ئادەملەر بۇ ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ۋە مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى قاتتىق بۇلغىدى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۆل-باياۋاندا ئۇلار ھالاك قىلىنغۇچە قەھرىمنى تۆكىمەن دېدىم ــ \x + \xo 20:13 \xt مىس. 16‏:28\x* \v 14 ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. \m \v 15 مەن يەنە چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن دېدىم \v 16 (چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇتلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەچكە، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە ماڭمىغان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان)؛ ــ \v 17 ھالبۇكى، كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلمىدىم ياكى ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا تۈگەشتۈرمىدىم. \m \v 18 مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. \v 19 مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ \v 20 مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلاڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن ۋە سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى بىر بېشارەتتۇر. \v 21 لېكىن بالىلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ ئۇلار نە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىغان نە مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتمىغان (بىرسى ئۇلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلار بىلەن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغىغان؛ شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن، دېدىم؛ \v 22 لېكىن جازادىن قولۇمنى تارتىپ، نامىمنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانمىسۇن دەپ ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. \m \v 23 چۆل-باياۋاندا مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا سىلەرنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن دەپ قەسەم قىلىمەن، دېدىم؛ \v 24 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئادا قىلمىغان، بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان؛ ئۇلار كۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇتلىرىغا تىكمەكتە ئىدى؛ \v 25 شۇڭا مەن ئۇلارغا ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى، ئۇلارنى ھاياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ھۆكۈملەرنى بېغىشلىدىم؛ \f □ \fr 20:25 \ft \+bd ««ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەر» ... «ھاياتقا ئېرىشمەيدىغان ھۆكۈملەر»\+bd* ــ 26-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 26 ۋە ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈپ، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆز ھەدىيەلىرى ئارقىلىق بۇلغىدىم، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە بارلىق تۇنجى بالىلىرىنى ئاتاپ قوياتتى.\f □ \fr 20:26 \ft \+bd ««ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەر» ... «ھاياتقا ئېرىشمەيدىغان ھۆكۈملەر» (25-ئايەت)...»\+bd* ــ بۇ ئىككى ئايەت (25-26) ئىنتايىن مۇھىم. \fp «ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەر»، «ھاياتقا ئېرىشمەيدىغان ھۆكۈملەر» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە بۇتپەرەسلىك دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىن ئىبارەت. خۇدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئەمر-پەرمانلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئالدىنىپ، ئىنتايىن رەزىل بۇتپەرەسلىككە بېغىشلىنىشىغا يول قويغان: 31-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. ئۆز بالىلىرىنى خۇداغا (ياكى بۇتلارغا، ئەلۋەتتە) ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان. «قان.» 29:12-31-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:26 \xt ئ‍ەز. 16‏:21\x* \m \v 27 شۇڭا، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار شۇ ئىشتىمۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغانكى، ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان؛ \v 28 ئۇلار مەن ئۆز قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان يەرگە كىرگەندە، ئۇلار شۇ يەردىكى ئۇدۇل كەلگەن ھەربىر يۇقىرى دۆڭ ھەم باراقسان دەرەخنى كۆرۈپلا شۇ جايلاردا ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ، مېنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەدىيەلەرنى قىلاتتى؛ ئۇلار شۇ يەردىمۇ «خۇشپۇراق ھەدىيە»لىرىنى پۇرىتىپ، «شاراب ھەدىيە»لىرىنى تۆكەتتى؛ \f □ \fr 20:28 \ft \+bd «ئۇلار شۇ يەردىكى ئۇدۇل كەلگەن ھەربىر يۇقىرى دۆڭ ھەم باراقسان دەرەخنى كۆرۈپلا شۇ جايلاردا ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ، مېنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەدىيەلەرنى قىلاتتى»\+bd* ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق «سىلەر \+bd مەن\+bd* بېكىتكەن جايدا قۇربانلىق قىلىڭلار» دېگەن («قان.» 12-باب). خەقلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «يۇقىرى جاي»لاردا قۇربانلىق قىلىشلىرى بەرىبىر بۇتپەرەسلىككە ئايلىنىپ كېتەتتى.\f* \v 29 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن: «سىلەر چىقىدىغان بۇ يۇقىرى جاي دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى «باماھ»دۇر.\f □ \fr 20:29 \ft \+bd «شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى «باماھ»دۇر»\+bd* ــ «باماھ» دېگەننىڭ مەنىسى «يۇقىرى جاي». بەلكىم شۇ چاغدا ئۇنىڭ باشقا بىر ھەجۋىي، كىنايىلىك مەنىسىمۇ بار ئىدى؛ بىراق بۈگۈن بىز ئۇنى بىلمەيمىز.\f* \m \v 30 شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدا ئۆزلىرىڭلارنىمۇ بۇلغىماقچىمۇسىلەر؟ ئۇلارنىڭ نەپرەتلىك قىلمىشلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلماقچىمۇسىلەر؟ \v 31 ئەمدى سىلەر ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بارلىق بۇتلىرىڭلار بىلەن بۇلغاۋاتىسىلەر؛ ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويامدىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويمايمەن! \v 32 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكى «بىز يات ئەللەردەك، باشقا يۇرتلاردىكى جەمەتلەردەك ياغاچ ھەم تاش مەبۇدلارغا چوقۇنىمىز» دېگەن كويۇڭلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ! \m \v 33 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرغان قەھرىم بىلەن ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. \v 34 مەن كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرۇلغان قەھر بىلەن سىلەرنى ئەللەردىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن، تارقىتىلغان مەملىكەتلەردىن سىلەرنى يىغىمەن؛ \v 35 سىلەرنى ئەللەرگە تەۋە بولغان چۆل-باياۋانغا كىرگۈزۈپ، شۇ يەردە ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ \v 36 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن مىسىر زېمىنىدىكى چۆل-باياۋانغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالغىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 37 مەن سىلەرنى ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنىڭ رىشتىسىگە باغلاندۇرىمەن. \f □ \fr 20:37 \ft \+bd «مەن سىلەرنى ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنىڭ رىشتىسىگە باغلاندۇرىمەن»\+bd* ــ «ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈش» توغرۇلۇق «لاۋ.» 32:27، «يەر.» 13:33 كۆرۈڭ. قويلاردىن يامانلىرىنى شاللاپ چىقىش ئۈچۈن قويچى ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئۆز ھاسىسى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرەتتى.\f* \v 38 مەن ئاراڭلاردىن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاسىيلارنى شاللاپ چىقىرىمەن؛ ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چىقىرىمەن، بىراق ئۇلار ئىسرائىل زېمىنىغا كىرمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 39 ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، رەب پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالمايمىز دېسەڭلار، بېرىۋېرىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنىۋېرىڭلار! بىراق سىلەر يەنە ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر! \f □ \fr 20:39 \ft \+bd «بىراق سىلەر يەنە ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق كېيىن، ھەتتا سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىغان بولساڭلارمۇ، سىلەر يەنىلا ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر!».\f* \v 40 چۈنكى مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغدا، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بارلىق ئىسرائىل جەمەتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا زېمىندە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇ يەردە مەن سىلەردىن «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىڭلارنى، تۇنجى ھوسۇل بولغان كۆكتات-مېۋىلىرىڭلارنى، شۇنداقلا بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىپ بېغىشلىغان نەسرىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. \m \v 41 مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن چىقىرىپ، مەملىكەتلەردىن ئېلىپ يىغقىنىمدا، ئېسىل خۇشبۇيدەك سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاراڭلاردا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن. \v 42 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئىسرائىل زېمىنىغا سىلەرنى كىرگۈزگىنىمدە، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. \v 43 سىلەر ئۇ يەردە ئۆز يوللىرىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كۆزگە ئىلمايسىلەر، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. \v 44 مەن رەزىل يوللىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، ياكى بۇزۇق قىلمىشلىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز نامىم ئۈچۈن سىلەرگە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \m \s1 ئوت ۋە قىلىچ ئارقىلىق بولغان جازا \m \v 45 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 46 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى تېمان شەھىرىگە قارىتىپ، جەنۇبتىكىلەرنى ئەيىبلەپ، نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت بېرىپ، ــ \f □ \fr 20:46 \ft \+bd «تېمان شەھىرى»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېگراسىغا تۇتىشىدۇ، «نەگەۋ» ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 47 يەنى نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا بىر ئوت ياقىمەن؛ ئۇ سەندىكى ھەممە يېشىل دەرەخنى ھەمدە ھەممە قاقشال دەرەخنى يەۋېتىدۇ؛ يالقۇنلۇق ئوت ھېچ ئۆچمەيدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ؛\f □ \fr 20:47 \ft \+bd «... پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «... ھەر ئادەمنىڭ يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ».\f*  \x + \xo 20:47 \xt لۇقا 23‏:31\x* \v 48 بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ياققانلىقىمنى كۆرۈپ يېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ!». \m \v 49 ۋە مەن: ــ ئاھ، پەرۋەردىگار! ئۇلار مەن توغرۇلۇق: «ئۇ پەقەت تەمسىللەرنىلا سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ! ــ دېدىم. \b \b \m \c 21 \s1 «قىلىچ» ھەققىدە \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ، \v 3 يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. \m \v 4 مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛ \v 5 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ. \m \v 6 ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل. \v 7 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن.\f □ \fr 21:7 \ft \+bd «بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، قورقۇنچتىن شۇنداق بولىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بارلىق تىزلار سۇدەك ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ».\f*  \x + \xo 21:7 \xt يەر. 6‏:24؛ 49‏:23؛ ئ‍ەز. 4‏:17؛ 7‏:17\x* \m \v 8 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 9 ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان! \v 10 ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟\f □ \fr 21:10 \ft \+bd «ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ... ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. بۇ جۈملىنىڭ ئەينى تېكىستىنى چۈشىنىش تەس. «ئۆز ئوغلۇم» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەھۇدا ياكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى زەدەكىيا بولۇشى مۇمكىن. زەدەكىيا ئۆزىنى «يېڭىلمەس» دەپ ھېسابلىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ خۇدا مەخسۇس تەييارلىغان قىلىچنى «بىر تال ياغا تاياق»تەك ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.\f* \m \v 11 ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛ \m قىلىچ بىلەنگەن، پارقىرىتىلغان، \m قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشقا تەييارلانغاندۇر! \m \v 12 نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى، \m چۈنكى \add قىلىچ\add* مېنىڭ خەلقىمگە قارشى چىققان؛ \m ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارلىق شاھزادىلىرىگە قارشى چىققان؛ \m ئۇلار ئۆز خەلقىم بىلەن تەڭ قىلىچقا تاپشۇرۇلغان؛ \m شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن!\f □ \fr 21:12 \ft \+bd «شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن!»\+bd* ــ «يانپاشقا ئۇرۇش» قاتتىق دەرد-ئەلەمنىڭ ئىپادىسى ئىدى.\f*  \x + \xo 21:12 \xt ئ‍ەز. 6‏:11؛ 7‏:27\x* \m \v 13 چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\x + \xo 21:13 \xt يەش. 1‏:5؛ يەر. 6‏:28-30\x* \m \v 14 ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر!\f □ \fr 21:14 \ft \+bd «بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن!»\+bd* ــ «چاۋاك چېلىش» بەلكىم پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا ۋەكىل بولۇپ، خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى توغرا دېگەنلىكىنى ئىپادىلىشى ئىدى.\f* \m \v 15 ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛ \f □ \fr 21:15 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ... مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر باشقا نەچچە خىل تەرجىمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتتىكى بەزى سۆزنىڭ مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلىشقىلا بولىدۇ.\f*  \x + \xo 21:15 \xt ئ‍ەز. 21‏:32\x* \v 16 ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ! \v 17 مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. \b \m \s1 خۇدانىڭ بابىلنىڭ پادىشاھىنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىپ قويىدىغانلىقى \m \v 18 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 19 سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ \add يېرۇسالېم\add* شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛ \v 20 يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ \v 21 چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ.\f □ \fr 21:21 \ft \+bd «كۆچمە مەبۇدلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەرافىم»؛ كىچىك، قول بىلەن كۆتۈرگىلى بولغان «قولايلىق بۇتلار». \+bd «جىگەرنى تەكۈشۈرۈش»\+bd* ــ كونا زاماندىكى پالچىلىقنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىدى. بىلىشىمىزچە ئۇلار بىر ھايۋاننى سويۇپ، ئاندىن ئۈچەي-قارنى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، كۆرگەن ئالامەتلەر بويىچە بىر قارارغا كېلەتتى.\f* \m \v 22 ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى \add مۇھاسىرىگە ئېلىشنى\add* كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛ \x + \xo 21:22 \xt ئ‍ەز. 4‏:2؛ 17‏:17\x* \v 23 گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ.\f □ \fr 21:23 \ft \+bd «گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ... يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ»\+bd* ــ پۈتۈن بۇ ئايەتنىڭ ئەينى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. «ئىچكەن قەسەملەر» بەلكىم زەدەكىيا نېبوقادنەسارغا ئىچكەن قەسەملەرنى كۆرسىتىدۇ. نېبوقادنەسارنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بۇ پالنى يالغان دەپ قارىغىنى بىلەن، خۇدا يېرۇسالېمنى جازالانسۇن (نېبوقادنەسارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشسۇن) دەپ قەتئىي بېكىتكەن بولغاچقا، نېبوقادنەسار بەرىبىر رابباھ شەھىرىگە ئەمەس، بەلكى يېرۇسالېمنىڭ ئاسىيلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىدۇ.\f* \m \v 24 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر. \v 25 ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ!\f □ \fr 21:25 \ft \+bd «ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى»\+bd* ــ «رەزىل شاھزادە» زەدەكىيا پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئەزاكىيال پەيغەمبەر ئۇنى «پادىشاھ» دېگۈسى كەلمەيدۇ. \+bd «قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كەلدى!» دېيىلىدۇ. دېمەك، كۆرىدىغان كۈنىنىڭ يېقىن كەلگەنلىكىنى تەكىتىلەيدۇ.\f* \m \v 26 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛ \v 27 ئۇنىڭ \add تەختىنى\add* ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن.\f □ \fr 21:27 \ft \+bd «ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، زەدەكىيادىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، ئىسرائىل ھەم ئالەمنىڭ تېگىشلىك پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ كەلگۈچە ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئۆز خەلقىدىن بولغان ھېچكىم پادىشاھ بولۇپ ئولتۇرمايدۇ. «يار.» 10:49-تىكى بېشارەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 ئاممون خەلقى توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 28 ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن!\f □ \fr 21:28 \ft \+bd «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!»\+bd* ــ ئاممونىيلار ئۆزلىرىىنىڭ مۇشۇ قىلىچىنى ئىسرائىللارنى سويۇش ئۈچۈن سۇغۇرغان (كېيىنكى ئايەتلەتنى كۆرۈڭ). بىراق ئاخىرىدا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.\f* \m \v 29 چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ! \m \v 30 بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال! \m مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئۆزۈڭ يارىتىلغان جايدا، يەنى سەن تۆرۈلگەن جايدا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. \m \v 31 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ، \m غەزىپىمنىڭ ئوتى قىلىپ پۈۋلەيمەن؛ \m مەن سېنى قاتىللىققا ماھىر ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ \m \v 32 سەن ئوتقا يېقىلغۇ بولىسەن؛ \m سېنىڭ قېنىڭ ئۆز زېمىنىڭدە تۆكۈلىدۇ؛ \m سەن قايتىدىن ئەسلەنمەيسەن؛ \m چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. \b \b \m \c 22 \s1 يېرۇسالېم توغرۇلۇق ئۈچ بېشارەت •••• بىرىنچى: ــ قانلىق شەھەر \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، قانلىق شەھەر ئۈستىگە ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ئەمدى ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ \x + \xo 22:2 \xt ئ‍ەز. 20‏:4؛ 23‏:36\x* \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز جازا كۈنىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە قان تۆككۈچى شەھەر، ئۆزىنى بۇلغاش ئۈچۈن ئۆزىگە مەبۇدلارنى ياسىغان شەھەر ــ \m \v 4 سەن تۆككەن قان تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولدۇڭ، ياسىغان مەبۇدلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ؛ سەن ئۆز جازا كۈنلىرىڭنى يېقىنلاشتۇردۇڭ، يىللىرىڭنى توشتۇردۇڭ؛ شۇڭا مەن سېنى ئەللەرگە رەسۋا، بارلىق مەملىكەتلەرگە مازاقنىڭ ئوبيېكتى قىلدىم. \x + \xo 22:4 \xt 2پاد. 21‏:16؛ ئ‍ەز. 5‏:14؛ 20‏:30،31 \x* \v 5 ساڭا يېقىندىكىلەر ھەمدە سەندىن يىراقتىكىلەر سېنى مازاق قىلىدۇ، ئى قىيا-چىياغا تولغان بەتناملىق شەھەر! \m \v 6 ئىسرائىلنىڭ شاھزادىلىرى، ھەر بىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىچىڭدە قانداق قان تۆككەنلىكىگە قارا! \v 7 سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىغان؛ ئاراڭلاردا مۇساپىرلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق قىلغان، يېتىم-يېسىرلەر ھەم تۇل خوتۇنلارغا ئۇۋال قىلغان؛ \v 8 مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى سەن كەمسىتكەن، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغاپ بۇزغانسەن؛ \v 9 سېنىڭ ئىچىڭدە قانغا تەشنا تۆھمەتخور ئادەملەر بولغان؛ ئۇلار تاغلار ئۈستىدە بۇتپەرەسلىك ئېشىنى يېگەن؛ سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار بۇزۇقلۇق پەسەندىلىك قىلغان؛ \x + \xo 22:9 \xt ئ‍ەز. 18‏:6،11\x* \v 10 سەندە ئۆز ئاتىسىنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەر بار؛ ئاي كۆرگەن قىز-ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلارمۇ بار.\f □ \fr 22:10 \ft \+bd «ئاتىسىنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇنىڭ ئىككى مەنىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار: (1) ئۆز ئاتىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغان؛ (2) ئاتىسىنىڭ ئايالى (ئۆز ئانىسى ياكى ئۆگەي ئانىسى)غا باسقۇنچىلىق قىلغان. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە (2) توغرىدۇر.\f*  \x + \xo 22:10 \xt لاۋ. 18‏:8،19؛ ئ‍ەز. 18‏:6\x* \m \v 11 بىرسى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن يىرگىنچلىك بۇزۇقلۇق قىلغان؛ يەنە بىرسى ئۆز كېلىنىنى بۇزۇپ شەھۋانىيەت قىلغان؛ سەندە بولغان يەنە بىرسى ئۆز سىڭلىسىغا، يەنە ئاتىسىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان. \x + \xo 22:11 \xt لاۋ. 18‏:15، 20؛ يەر. 5‏:8\x* \v 12 ئۇلار قان تۆكۈش ئۈچۈن ئاراڭدا «سوۋغاتلار»نى قوبۇل قىلغان؛ سەن ئۆسۈم-جازانە ئالغان؛ سەن ئۆز قوشنىلىرىڭدىن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىپ، مېنى ئۇنتۇغانسەن ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 13 ۋە مانا، مەن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىشىڭغا ۋە سەن ئۆز ئاراڭدا تۆككەن قانلارغا قاراپ قولۇمنى-قولۇمغا ئۇردۇم! \f □ \fr 22:13 \ft \+bd «سەن ئۆز ئاراڭدا تۆككەن قانلارغا قاراپ قولۇمنى-قولۇمغا ئۇردۇم»\+bd* ــ «قول-قولغا ئۇرۇش» قاتتىق ئەپسۇسلىنارلىق، پىغاننى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 22:13 \xt ئ‍ەز. 21‏:22\x* \m \v 14 مەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۈنلەردىمۇ يۈرىكىڭ يەنىلا توق، قوللىرىڭ چىڭ تۇرىۋېرەمدۇ؟ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، ئۆزۈم ئۇنى ئادا قىلىمەن. \x + \xo 22:14 \xt ئ‍ەز. 17‏:24\x* \v 15 مەن سېنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن، ئوتتۇراڭدا بولغان پەسەندىلىكىڭگە خاتىمە بېرىمەن. \x + \xo 22:15 \xt ئ‍ەز. 12‏:14، 15\x* \v 16 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئارقىلىق ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغىنىسەن، ئاندىن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن.\f □ \fr 22:16 \ft \+bd «ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئارقىلىق ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغىنىسەن، ئاندىن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئايەتنىڭ ئەينى تېكىستىنى چۈشىنىش سەل تەس.\f* \b \m \s1 ئىككىنچى بېشارەت: ــ تاۋلاشنىڭ نەتىجىسى ــ ھېچنېمە قالمايدۇ! \m \v 17 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 18 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ماڭا خۇددى داشقال بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇمداندا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇنلاردۇر؛ ئۇلار كۈمۈشنىڭ پوقى بولۇپ چىقتى.\x + \xo 22:18 \xt يەش. 1‏:22\x* \m \v 19 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەممىڭلار داشقال بولۇپ چىققاچقا، مانا ئەمدى مەن سىلەرنى يېرۇسالېم ئوتتۇرىسىغا يىغىمەن؛ \v 20 كىشىلەر ئۈستىگە ئوت پۈۋلەپ، ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەينى خۇمدان ئىچىگە يىغقاندەك، مەن غەزىپىم ۋە قەھرىم بىلەن سىلەرنى يىغىپ \add شەھەر\add* ئىچىگە سېلىپ سىلەرنى ئېرىتىمەن. \v 21 شۇنداق، مەن سىلەرنى يىغىپ، غەزىپىمنىڭ ئوتىنى ئۈستۈڭلەرگە پۈۋلەيمەن، سىلەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېرىپ كېتىسىلەر؛ \v 22 كۈمۈش خۇمداندا ئېرىتىلگەندەك، سىلەر شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئېرىتىلىسىلەر؛ ۋە سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قەھرىمنى ئۈستۈڭلەرگە تۆككەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \b \m \s1 ئۈچىنچى بېشارەت: ــ ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمئىيىتى بۇزۇلدى! \m \v 23 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 24 ئى ئىنسان ئوغلى، شەھەرگە مۇنداق دېگىن: ــ غەزەپ چۈشكەن كۈندە سەن پاكلاندۇرۇلمىغان، يامغۇر چۈشمىگەن بىر زېمىنسەن. \f □ \fr 22:24 \ft \+bd «غەزەپ چۈشكەن كۈندە سەن پاكلاندۇرۇلمىغان، يامغۇر چۈشمىگەن بىر زېمىنسەن»\+bd* ــ خۇدانىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردا بەلكىم بىر قۇرغاقچىلىق بولغانىدى. «قان.» 28-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 ئۆز ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان، ھۆركىرەيدىغان شىردەك ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇنىڭدا سۇيىقەست ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار جانلارنى يەۋېتىدۇ؛ خەزىنىلەرنى، قىممەتلىك نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇل خوتۇنلارنى كۆپەيتمەكتە.\x + \xo 22:25 \xt مات. 23‏:14\x* \m \v 26 ئۇنىڭ كاھىنلىرى تەۋرات-قانۇنۇمنى بۇزۇپ تاشلاپ، پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىغان؛ ئۇلار پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىي نەرسىلەرنى پەرق قىلمايدۇ؛ ئۇلار «شابات كۈن»لىرىمگە كۆزىنى يۇمۇپ يۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ماڭا بەتنام چاپلىنىدۇ. \x + \xo 22:26 \xt لاۋ. 10‏:10؛ ئ‍ەز. 44‏:23\x* \v 27 ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاھزادىلەر خۇددى ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان بۆرىلەردەك؛ ئۇلار قان تۆكۈشىدۇ، جانلارنى نابۇت قىلىشىدۇ، ھارام مەنپەئەتنى بۇلىشىدۇ. \x + \xo 22:27 \xt مىك. 3‏:11؛ زەف. 3‏:3\x* \v 28 ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنىڭ \add قىلمىشلىرىنى\add* «ھاك سۇۋاق» بىلەن ئاقارتقان، «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەپ ساختا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېلىپ، پال سېلىپ يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا سۆز قىلغان ئەمەس. \x + \xo 22:28 \xt ئ‍ەز. 13‏:7، 9، 10؛ 21‏:29؛ 22‏:12\x* \v 29 زېمىندىكى ئاددىي پۇقرالارمۇ جەبىر-زۇلۇم قىلىشىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاجىز-نامراتلارنى بوزەك قىلىپ، مۇساپىرلارغا زۇلۇم سېلىپ ئۇۋال قىلىدۇ. \v 30 مەن ئۇلار ئارىسىدىن تامنى قايتىدىن ياسىتىپ بېرىدىغان، مېنى ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىشىمدىن ياندۇرىدىغان، ئۇنىڭ يېرىقىنى ئەتكۈدەك، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدىغان ئارىچى بىر ئەزىمەتنى ئىزدەپ كەلدىم؛ بىراق ھېچبىرنى تاپالمىدىم. \x + \xo 22:30 \xt زەب. 106‏:23\x* \v 31 شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۈستىگە تۆكىمەن؛ غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\x + \xo 22:31 \xt ئ‍ەز. 9‏:10؛ 11‏:21؛ 16‏:43\x* \b \b \m \c 23 \s1 ئوھولاھ ھەم ئوھولىباھ ــ ئىككى ئايال توغرۇلۇق بولغان تەمسىل \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى ئايال بار ئىكەن؛ \v 3 ئۇلار مىسىر زېمىنىدە پاھىشىلىك قىلغان؛ ئۇلار ياشلىقتا پاھىشىلىك قىلغان؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆكسىلىرى مىجىقلىنىپ، قىزلىق ئەمچەك توپچىلىرى سىلانغان. \x + \xo 23:3 \xt ئ‍ەز. 20‏:8\x* \v 4 ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئوھولاھ، كىچىكىنىڭ ئوھولىباھ ئىدى؛ ئۇلار مېنىڭكى ئىدى؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلارنى تۇغقان. سامارىيە بولسا ئوھولاھ، يېرۇسالېم ئوھولىباھدۇر.\f □ \fr 23:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئوھولاھ، كىچىكىنىڭ ئوھولىباھ ئىدى؛ ئۇلار مېنىڭكى ئىدى»\+bd* ــ دېمەك، ئوھولاھ ئىسرائىلنىڭ شىمالىي پادىشاھلىقىنى، ئوھولىباھ يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ. «ئوھولاھ» ــ «ئۇنىڭ چېدىرى»، «ئوھولىباھ» ــ «مېنىڭ چېدىرىم ئۇنىڭدىدۇر» دېگەن مەنىلەردە.\f* \m \v 5 ئوھولاھ مېنىڭكى بولغان تەقدىردىمۇ يەنە بۇزۇقلۇق قىلغان ــ ئۇ ئاشىقلىرىغا، يەنى قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردە بولغان؛ \v 6 كۆك كىيىم كىيگەن، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار ئىدى. \v 7 ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئىدى؛ ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى بارلىق قوزغاتقانلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مەبۇدلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى بۇلغىغان.\f □ \fr 23:7 \ft \+bd «ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئىدى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرىگە بېغىشلىغان».\f* \v 8 ئۇ يەنىلا مىسىردا بولغان پاھىشىلىكلىرىدىن ۋاز كەچمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىقىدا ئاشۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، قىزلىق كۆكسىلىرىنى سىلاپ، ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكتى. \v 9 شۇڭا مەن ئۇنى ئۆز ئاشنىلىرىنىڭ، يەنى ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوزغاتقان ئاسۇرىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ \x + \xo 23:9 \xt 2پاد. 17؛ 18\x* \v 10 ئۇلار ئۇنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئۇ ئاياللار ئارىسىدا \add يامان\add* ئاتاققا قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىپ جازالاندى. \b \m \s1 ئوھولىباھ \m \v 11 ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىباھ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدە ھەدىسىدىن تېخىمۇ بۇزۇق، پاھىشىلىكلىرى ھەدىسىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ كەتتى. \v 12 ئۇ ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغاتقان؛ ئۇلار ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەشەمەتلىك ساۋۇت، فورمىلارنى كىيگەن، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر ئىدى. \x + \xo 23:12 \xt 2پاد. 16‏:7\x* \v 13 مەن ئۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم؛ ئۇلار ئىككىلىسى بىر يوللۇق ئىدى. \m \v 14 ئۇ ئۇنىڭ پاھىشىلىكلىرىنى ئاشۇردى؛ چۈنكى ئۇ تامدا پەرەڭ بىلەن سۈرەتلەنگەن ئادەملەرنى، يەنى كالدىيلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆردى؛ \v 15 ئۇلارنىڭ بەللىرى پوتىلار بىلەن ئورالغان، بېشىغا قۇيرۇقلۇق سەللىلەر كىيىلگەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەشكەر بېشىدەك، يەنى تۇغۇلغان يۇرتى كالدىيەدىكى بابىللىقلارنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. \v 16 ئۇ شۇئان ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋسىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كالدىيەگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن.\f □ \fr 23:16 \ft \+bd «ئۇ شۇئان ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋسىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كالدىيەگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن»\+bd* ــ بۇنداق بايانلار بەلكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى بابىلدىن ياردەم سورىغانلىقىنى، بابىللىقلار بىلەن دوستلاشماقچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 12:20-15، 1:21-9-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 17 شۇنىڭ بىلەن بابىللىقلار ئۇنىڭغا، يەنى ئۇنىڭ ئاشنىلىق ئورۇن-كۆرپىلىرىگە يېقىن كېلىپ، ئۇنى ئۆز زىنالىرى بىلەن بۇلغىغان؛ ئۇ ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بۇلغىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىزار بولدى. \v 18 ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئوچۇق قىلىپ، نومۇسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن، جېنىم ھەدىسىدىن يىرگەنگەندەك ئۇنىڭدىنمۇ يىرگەندى. \v 19 بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈنلىرىنى، يەنى مىسىر زېمىنىدا بۇزۇقلۇق پاھىشىلىك قىلغان كۈنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى. \v 20 ئۇنىڭ ئەرلىكى ئېشەك مەدەكلىرىدەك، مەنىيسى ئاتلارنىڭكىدەك بولغان بابىلنىڭ پاھىشىۋاز ئەركەكلىرىگە قاراپ ھەۋەسلىرى قوزغالدى. \v 21 سەن ياشلىقىڭدىكى بۇزۇقلۇقلىرىڭغا، يەنى ياشلىقىڭدا مىسىرلىقلارنىڭ ئەمچەكلىرىڭنى سىلىغىنىغا يەنە تەشنا بولۇپ تەلمۈردۇڭ. \m \v 22 شۇڭا، ئى ئوھولىباھ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مانا، مەن جېنىڭ ھازىر بىزار بولغان ئاشنىلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قارشى قوزغىتىمەن، ئۇلارنى سەن بىلەن قارشىلىشىشقا ھەممە تەرىپىڭدىن ئېلىپ كېلىمەن؛ \v 23 بابىللىقلار، بارلىق كالدىيلەر، پېكودلار، شوئالار، كوئاللار ھەمدە ئاسۇرىيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بىلەن تەڭ قوزغايمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ئۇلۇغ بەگلەر ۋە جانابلار، ھەممىسى ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلاردۇر؛ \v 24 ئۇلار قورال-ياراقلار، جەڭ ھارۋىلىرى، يۈك ھارۋىلىرى ھەم زور بىر توپ خەلقلەر بىلەن ساڭا قارشى چىقىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەممە تەرىپىڭدە سىپار-قالقانلار ۋە دۇبۇلغالارنى كىيىپ ساڭا قارشى سەپراس بولىدۇ؛ بېشىڭغا چۈشىدىغان تېگىشلىك جازانى ئۇلارغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە جازالايدۇ. \m \v 25 مەن مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپنى ساڭا قارىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەھر بىلەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار سېنىڭ بۇرنۇڭ ۋە قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋېتىدۇ؛ سەندىن ئاخىرقى قالغانلار قىلىچلىنىدۇ؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ، سەندىن يەنىلا قالغانلار ئوتتا يۇتۇۋېتىلىدۇ. \f □ \fr 23:25 \ft \+bd «\+bd*\+bdit مېنىڭ\+bdit* مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «(مېنىڭ) ھەسىتىم».\f* \v 26 ئۇلار سەندىن كىيىم-كېچەكلىرىڭنى ئېلىۋېلىپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ. \x + \xo 23:26 \xt ئ‍ەز. 16‏:39\x* \v 27 شۇنىڭ بىلەن مەن سەندە مىسىر زېمىنىدا باشلانغان بۇزۇقلۇقلىرىڭنى ۋە پاھىشىلىكلىرىڭنى توختىتىمەن؛ سەن بۇ ئىشلارغا يەنە تەلمۈرمەيسەن، مىسىرنى قايتا ئەسلىمەيسەن. \m \v 28 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭ نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قولىغا، يەنى جېنىڭ يىرگەنگەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ \x + \xo 23:28 \xt ئ‍ەز. 16‏:37؛ ئ‍ەز. 23‏:17\x* \v 29‏-30 ئۇلار سېنى ئۆچمەنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بارلىق ئەجىرلىرىڭنى ئېلىپ كېتىپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرۇپ، پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلايدۇ. سەن ئەللەر بىلەن پاھىشىلىك قىلغانلىقىڭ، ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭ بۇلارنى بېشىڭغا چۈشۈردى.\x + \xo 23:29‏-30 \xt ئ‍ەز. 16‏:39؛ ئ‍ەز. 23‏:25، 26\x* \v 31 ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم. \m \v 32 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەدەڭنىڭ قەدەھىنى، چوڭقۇر ۋە چوڭ بىر قەدەھنى سەنمۇ ئىچىسەن؛ سەن رەسۋا بولۇپ مازاق قىلىنىسەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭدۇر؛ \v 33 سەن دەھشەتلىك ۋە ھالاكەت قەدەھى، يەنى ھەدەڭ سامارىيەنىڭ قەدەھى بىلەن مەستلىك ھەم دەرد-ئەلەمگە تولدۇرۇلىسەن؛ \v 34 سەن ئۇنى ئىچىۋېتىپ يەنە يالايسەن، ھەتتا ئۇنىڭ پارچىلىرىنىمۇ غاجىلايسەن، ئاندىن كۆكسىلىرىڭنىمۇ يۇلۇپ تاشلايسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 35 شۇنىڭ ئۈچۈن رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇپ ئارقاڭغا تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا ئۆز بۇزۇقلۇقۇڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن.\x + \xo 23:35 \xt يەر. 2‏:32؛ 3‏:21؛ 13‏:25؛ 18‏:15؛ ئ‍ەز. 22‏:12\x* \m \v 36 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئەمدى ئۇلارغا ئۆز يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ كۆرسەتكىن. \x + \xo 23:36 \xt ئ‍ەز. 20‏:4؛ 22‏:2\x* \v 37 چۈنكى ئۇلار بۇزۇقلۇق قىلدى؛ قوللىرى قان بولدى؛ ئۇلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا تۇغقان ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى. \f □ \fr 23:37 \ft \+bd «ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى»\+bd* ــ «(ئوتتىن) ئۆتكۈزۈش» دېگەن سۆز، بۇتپەرەسلىك توغرۇلۇق بايانلار ئارىسىدا بولسا، ئادەتتە ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ بالىلارنى بۇتلارغا «قۇربانلىق سۈپىتىدە ئوتتىن ئۆتكۈزۈش»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 23:37 \xt ئ‍ەز. 16‏:21؛ 20‏:26،31\x* \v 38 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىش قىلغانكى، ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاپ، «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان. \x + \xo 23:38 \xt ئ‍ەز. 22‏:8\x* \v 39 چۈنكى ئۇلار ئۆز بالىلىرىمنى بۇتلىرىغا سويغان چاغدا، ئۇلار ئوخشاش بىر كۈندە مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاشقا كىردى؛ مانا، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈم ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قىلغان.\x + \xo 23:39 \xt 2پاد. 21‏:4-7؛ ئ‍ەز. 16‏:21؛ ئ‍ەز. 20‏:13، 16\x* \m \v 40 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنى يىراقتىن چاقىردى، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلچى ئەۋەتتى؛ مانا، ئۇلار كەلدى؛ سەن ئۇلارنى دەپ يۇيۇنۇپ، كۆز-قاشلىرىڭغا ئوسما قويۇپ، ئۆزۈڭنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىڭ؛ \v 41 ھەشەمەتلىك بىر دىۋاندا ئولتۇردۇڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈستىگە مېنىڭ خۇشبۇيۇم ھەم زەيتۇن مېيىم قويۇلغان داستىخاننى قويدۇڭ؛ \x + \xo 23:41 \xt پەند. 7‏:17\x* \v 42 غەمسىز يۈرگەن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭدا ئاڭلاندى؛ چۈپرەندە ئادەملەر بىلەن بىللە چۆل-باياۋاندىن سېبائىيلارمۇ ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇلار \add ھەدە-سىڭىلنىڭ\add* قوللىرىغا بىلەزۈكلەر، بېشىغا چىرايلىق تاجلارنى سالدى. \f □ \fr 23:42 \ft \+bd «...سېبائىيلارمۇ ئېلىپ كېلىندى»\+bd* ــ «سېبائىيلار»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھاراقكەشلەر».\f* \v 43 ئەمدى مەن زىنا-بۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇپراپ قېرىغان پاھىشە توغرۇلۇق: «ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىۋەرسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن \add پاھىشە\add*» ــ دېدىم.\f □ \fr 23:43 \ft \+bd «ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىۋەرسۇن ــ چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن پاھىشە»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۇلار يەنىلا ھازىر ئۇنىڭ بىلەن راست بۇزۇقلۇق قىلامدۇ؟».\f* \m \v 44 ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاھىشە ئايالغا يېقىنلاشقاندەك ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ بىللە ياتتى؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ بۇ ئىككى بۇزۇق ئايالغا يېقىنلىشىپ بىللە ياتتى. \m \v 45 بىراق ھەققانىي ئادەملەر ئۇلارنى زىناخور ئاياللارنى ۋە قان تۆككۈچى ئاياللارنى جازالىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار زىناخور ئاياللار، ئۇلارنىڭ قوللىرى قاندۇر. \f □ \fr 23:45 \ft \+bd «بىراق ھەققانىي ئادەملەر ئۇلارنى زىناخور ئاياللارنى ... جازالىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ جۈملىدىكى «ھەققانىي ئادەملەر» قاتتىق كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ ئىدى. چۈنكى ئۇ بابىللىقلارنى كۆرسىتىدۇ (46-47-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). مەنىسى بەلكىم: «ئۇلار سىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، ھەققانىي ئادەملەر كۆرۈنىدۇ».\f*  \x + \xo 23:45 \xt ئ‍ەز. 16‏:38\x* \v 46 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىر توپ ئادەملەرنى ئۇلارغا قارشى چىقىرىپ ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلارنى ھەريانغا ھەيدىۋېتىشكە ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا تاپشۇرىمەن. \v 47 بۇ توپ كىشىلەر ئۇلارنى تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ، قىلىچلىرى بىلەن چېپىپ سويىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆيلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىۋېتىدۇ.\x + \xo 23:47 \xt ئ‍ەز. 16‏:41\x* \m \v 48 شۇنىڭ بىلەن مەن زېمىندە بۇزۇقلۇققا خاتىمە بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئاياللار سىلەردىن ساۋاق ئېلىپ سىلەرنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭنى دورىمايدۇ. \v 49 ئۇلار بۇزۇقلۇقۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ، ۋە سىلەر مەبۇدلىرىڭلارغا چېتىشلىق بولغان گۇناھلارنى كۆتۈرىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.\x + \xo 23:49 \xt ئ‍ەز. 16‏:58. \x* \b \b \m \c 24 \s1 داغلىشىپ كەتكەن قازان \m \v 1 توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ كۈننى، دەل مۇشۇ كۈننىڭ چىسلاسىنى يېزىۋالغىن؛ چۈنكى دەل مۇشۇ كۈندە بابىلنىڭ پادىشاھى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالدى. \m \v 3 ئاسىي جەمەتنىڭ ئالدىغا بىر تەمسىلنى قويۇپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قازاننى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار، ئوت ئۈستىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭغا سۇ قويۇڭلار؛ \x + \xo 24:3 \xt يەر. 1‏:13\x* \v 4 گۆش پارچىلىرى، ھەربىر ئېسىل گۆش پارچىلىرىنى، پۇت ۋە قولىنى ئۇنىڭغا يىغىپ سېلىڭلار؛ ئېسىل ئۇستىخانلارنىمۇ قوشۇڭلار؛ \v 5 قوي پادىسىدىن ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىڭلار؛ ئۇستىخانلارنى پىشۇرۇشقا ئۇنىڭ ئاستىغا ئوتۇن توپلاپ قويۇڭلار؛ ئۇنى قاتتىق قاينىتىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئۇستىخانلار ئوبدان قاينىسۇن. \m \v 6 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا، يەنى دات باسقان قازانغا، ھېچ دېتى كەتمەيدىغان قازانغا ۋاي! ئۇنىڭدىكى ھەممىنى بىردىن-بىردىن ئال؛ ئۇنىڭغا نېسىۋە چېكى تاشلانمىسۇن! \f □ \fr 24:6 \ft \+bd «قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا، يەنى دات باسقان قازانغا، ھېچ دېتى كەتمەيدىغان قازانغا ۋاي!... ئۇنىڭغا نېسىۋە چېكى تاشلانمىسۇن!»\+bd* ــ قازاننىڭ دېتى قان رەڭگىدە بولۇپ، بەلكىم شەھەرنىڭ قانخورلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ كېيىنكى قىسمىنىڭ مەنىسى بەلكىم، قازاننىڭ دات باسقان پارچىلىرىدەك، شەھەردىكىلەرمۇ پارچە-پارچە تارقىلىپ كېتىپ، ھېچقانداق بەختنىڭ نېسىۋىسىنى كۆرمەيدۇ دېگەنلىك. \+bd «ئۇنىڭدىكى ھەممىنى بىردىن-بىردىن ئال»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭدىكى گۆش پارچىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئال».\f*  \x + \xo 24:6 \xt ئ‍ەز. 22‏:2\x* \v 7 چۈنكى ئۇ تۆككەن قان ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ قاننى توپا بىلەن كۆمگىلى بولغۇدەك يەرگە ئەمەس، بەلكى تاقىر تاش ئۈستىگە تۆكتى. \f □ \fr 24:7 \ft \+bd «چۈنكى ... ئۇ قاننى توپا بىلەن كۆمگىلى بولغۇدەك يەرگە ئەمەس، بەلكى تاقىر تاش ئۈستىگە تۆكتى»\+bd* ــ دېمەك، ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەن ئادمەملەرگە تېخىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلىپ ئۇلارنى دەپنە قىلمىغان؛ يەنە كېلىپ، ھېچ نومۇس قىلماي تۆككەن قاننى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ يۈرگەن.\f* \v 8 قەھرىمنى قوزغاش، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ تۆككەن قاننىڭ يېپىلماسلىقى ئۈچۈن تاقىر تاش ئۈستىگە قالدۇردۇم. \m \v 9 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا ۋاي! مەنمۇ ئۇنىڭ ئوتۇن دۆۋىسىنى يوغان قىلىمەن! \x + \xo 24:9 \xt ناھ. 3‏:1؛ ھاب. 2‏:12\x* \v 10 ئوتۇننى دۆۋىلەڭلار، ئوتنى يىقىپ چۇخچۇلاڭلار، گۆش ئوبدان پىشسۇن، دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇڭلار، ئۇستىخانلار كۆيۈپ كەتسۇن! \v 11 ئاندىن قازاننى قىزىتىپ، ئۇنىڭدىكى مىسنى قىپقىزىل قىلىڭلار، ئىچىدىكى داغ-كىرلار ئېرىتىلىپ، ئۇنىڭ دېتى چىقىرىۋېتىلىش ئۈچۈن ئۇنى قۇرۇق پېتى چوغلار ئۈستىگە قويۇڭلار! \m \v 12 ئۇنىڭ قىلغان ئاۋارىچىلىكلىرى مېنى ئۇپراتتى؛ \m لېكىن ئۇنىڭ قېلىن دېتى ئۇنىڭدىن كەتمىدى؛ \m شۇڭا ئۇنىڭ دېتى ئوتتا تۇرىۋەرسۇن! \m \v 13 سېنىڭ پاسكىنىچىلىكىڭدە بۇزۇق پاھىشىلىك باردۇر؛ مەن سېنى پاكىزلىماقچى بولدۇم، لېكىن سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايمەن دېدىڭ؛ ئەمدى قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ توختاتمىغۇچە سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايسەن. \v 14 مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم؛ ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، مەن ئۇنى ئادا قىلىمەن؛ مەن نە بۇنىڭدىن يانمايمەن، نە ھېچ ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، نە ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن؛ ئۇلار سېنىڭ يوللىرىڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\x + \xo 24:14 \xt ئ‍ەز. 5‏:11؛ 23‏:24\x* \b \m \s1 ئەزاكىيالنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ ئۆلۈمى \m \v 15 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 16 «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنىڭ سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقۇڭنى بىر ئۇرۇش بىلەن سەندىن ئېلىپ كېتىمەن؛ بىراق سەن ھېچ ماتەم تۇتما، ھېچ يىغلىما، ھېچ كۆز يېشى قىلما؛ \v 17 سۈكۈت ئىچىدە ئۇھ-زار تارتىسەن؛ ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھېچ ھازا تۇتما؛ سەللەڭنى بېشىڭغا ئوراپ، كەشلىرىڭنى پۇتۇڭغا باغلىغىن؛ يۈزۈڭنىڭ تۆۋىنىنى يېپىۋەتمە، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمە». \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەتىگەندە خەلقكە سۆز قىلدىم؛ كەچقۇرۇندا ئايالىم ئۆلدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. \v 19 ئەمدى خالايىق ماڭا: «سېنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ نېمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى دېمەمسەن؟» دېدى. \m \v 20 مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 21 ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ئۆز مۇقەددەس جايىمنى، يەنى سەن پەخىرلەنگەن كۈچ-تايانچىڭنى، كۆزۈڭلارنى خۇشال قىلغۇچى، جېنىڭلار تەشنا بولغان نەرسىنى بۇلغاي دەۋاتىمەن؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا قالغان قىز-ئوغۇللار قىلىچ بىلەن يوقىلىدۇ. \v 22 شۇ تاپتا سىلەر مەن \add ئەزاكىيال\add* ھازىر قىلغىنىمدەك قىلىسىلەر؛ سىلەر يۈزۈڭلارنىڭ تۆۋىنىنى ياپمايسىلەر، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمەيسىلەر؛ \v 23 سەللەڭلار بېشىڭلاردا، كەشىڭلار ئاياغلىرىڭدا بولىۋېرىدۇ؛ سىلەر ھېچ ماتەم تۇتمايسىلەر ياكى ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ سىلەر قەبىھلىكلىرىڭلار ئىچىدە سولىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ ئۇھ-زار تارتىسىلەر.\f □ \fr 24:23 \ft \+bd «سىلەر ھېچ ماتەم تۇتمايسىلەر ياكى ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ سىلەر قەبىھلىكلىرىڭلار ئىچىدە سولىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ ئۇھ-زار تارتىسىلەر»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بالايىئاپەت شۇنداق ئېغىر بولىدۇكى، ھېچقانداق كۆز ياشلىرى ياكى ماتەم تۇتۇشلار ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيدۇ.\f*  \x + \xo 24:23 \xt ئ‍ەز. 4‏:17\x* \m \v 24 شۇنداق قىلىپ ئەزاكىيالنىڭ ئۆزى سىلەرگە بېشارەت بولىدۇ؛ ئۇ قانداق قىلغان بولسا، سىلەر شۇنداق قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.\x + \xo 24:24 \xt ئ‍ەز. 12‏:6\x* \m \v 25 ــ ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن ئۇلاردىن كۈچ-ئىستىھكامىنى، ئۇلار پەخرىلەنگەن گۈزەك گۆھرىنى، سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقلىرىنى، جان-جېگىرى بولغان قىز-ئوغۇللىرىنى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈنىدە، \v 26 ــ يەنى شۇ كۈنىدە، ساڭا بۇ خەۋەرنى قۇلىقىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قاچقۇن يېنىڭغا كەلمەمدۇ؟ \v 27 شۇ كۈنىدە ئاغزىڭ ئېچىلغان بولىدۇ، سەن بۇ قاچقۇن بىلەن سۆزلىشىسەن، يەنە ھېچ گاچا بولمايسەن؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».\f □ \fr 24:27 \ft \+bd «شۇ كۈنىدە ئاغزىڭ ئېچىلغان بولىدۇ، سەن بۇ قاچقۇن بىلەن سۆزلىشىسەن، يەنە ھېچ گاچا بولمايسەن»\+bd* ــ بۇ گاچىلىق بەش يىل ئىلگىرى باشلانغان. 26:3-ئايەتنى ئىزاھىتى بىلەن ۋە 22:33-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 25 \s1 ئەللەر توغرۇلۇق بېشارەتلەر •••• بىرىنچى بېشارەت ــ ئاممون توغرۇلۇق \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ئاممونىيلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ \x + \xo 25:2 \xt يەر. 49‏:1 \x* \m \v 3 ــ ئاممونىيلارغا مۇنداق دېگىن ــ رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ مۇقەددەس جايىم بۇلغانغاندا، ئىسرائىل زېمىنى ۋەيران قىلىنغاندا، يەھۇدا جەمەتى سۈرگۈن قىلىنغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ: «ۋاھ! ياخشى بولدى!» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، \v 4 ئەمدى مانا، مەن سېنى شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئاراڭدا بارگاھ قۇرۇپ، ئاراڭدا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلار مېۋىلىرىڭنى يەپ، سۈتۈڭنى ئىچىدۇ. \v 5 مەن رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئۈچۈن ئوتلاق، ئاممونىيلارنىڭ يېرىنى قوي پادىلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 6 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئىسرائىل زېمىنىغا قاراپ چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، \f □ \fr 25:6 \ft \+bd «سەن چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن ئىسرائىل زېمىنىغا خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن...\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «چاۋاك چېلىش» ۋە «پۇتنى تىپچەكلىتىش» ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 7 ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ مەن سېنى خەلقلەر ئىچىدىن ئۈزىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يوقىتىمەن؛ مەن سېنى ھالاك قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن.\f □ \fr 25:7 \ft \+bd «ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن...»\+bd* ــ بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى رابباھ شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. كېيىن «ناباتىيلىق» ئەرەبلەر شەرق تەرىپىدىن كېلىپ ئاممون زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى.\f* \b \m \s1 ئىككىنچى بېشارەت ــ موئاب توغرۇلۇق \m \v 8 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى موئاب ۋە سېئىرنىڭ: «يەھۇدا پەقەت بارلىق باشقا ئەللەر بىلەن ئوخشاش، خالاس» دېگىنى تۈپەيلىدىن، \x + \xo 25:8 \xt يەر. 49‏:1-47\x* \v 9 شۇڭا مانا، مەن موئابنىڭ يېنىنى ــ چېگراسىدىكى شەھەرلەرنى، زېمىنىنىڭ پەخرى بولغان بەيت-يەشىموت، بائال-مېئون ۋە كىرىئاتايىم شەھەرلىرىدىن باشلاپ يېرىپ ئاچىمەن؛ \v 10 ئۇلارنى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن بىللە شەرقتىكى ئەللەرگە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئاممونىيلارنىڭ يەنە ئەللەر ئارىسىدا ئەسلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ \x + \xo 25:10 \xt ئ‍ەز. 21‏:37\x* \v 11 ۋە موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.\f □ \fr 25:11 \ft \+bd «موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ»\+bd* ــ بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى موئابنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. كېيىن «ناباتىيلىق» ئەرەبلەر شەرق تەرىپىدىن كېلىپ موئاب زېمىننى ئىگىلىۋالدى.\f* \b \m \s1 ئۈچىنچى بېشارەت ــ ئېدومنى ئەيىبلەش \m \v 12 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئېدوم يەھۇدا جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىپ يامانلىق قىلىپ، شۇنىڭدەك ئېغىر گۇناھكار بولغىنى تۈپەيلىدىن، ئىنتىقام ئالغنىنى تۈپەيلىدىن، \v 13 ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئېدومغا قولۇمنى سوزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زېمىنىدىن ئادەملەر ھەم ھايۋانلاردىن مەھرۇم قىلىمەن؛ مەن ئۇنى تېمان شەھىرىدىن تارتىپ ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇلار دېدان شەھىرىگىچە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ. \v 14 شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ؛ ئېدومىيلار مېنىڭ ئىنتىقامىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 25:14 \ft \+bd «مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ...»\+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 120-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچىسى يۇھاننا خىركانۇس ئېدومغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارغا «توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارغا ئىشىنىڭلار، ياكى قىلىچىمدا ئۆلۈڭلار» دېگەن تاللاش يولىنى بەردى.\f* \b \m \s1 تۆتىنچى بېشارەت ــ فىلىستىيەنى ئەيىبلەش \m \v 15 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ فىلىستىيلەر ئىنتىقام نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كونا ئۆچمەنلىكى بىلەن يەھۇدانى يوقىتايلى دەپ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ ئالغىنى تۈپەيلىدىن، \v 16 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن فىلىستىيەنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى ئۇزارتىمەن؛ مەن كەرەتىيلەرنى قىرىۋېتىمەن، دېڭىز بويىدىكىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. \v 17 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىنتىقام ئالغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.\f □ \fr 25:17 \ft \+bd «مەن ئۇلارنىڭ (فىلىستىيلەرنىڭ) ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن»\+bd* ــ فىلىستىيلەر ئاۋۋال بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن ئازاب كۆردى؛ ئاندىن گرېك ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى؛ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 148-146-يىللاردا ئۇلار يەھۇدىيلار تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئىشغال قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى «پەلەستىنلىكلەر»نىڭ بىر قىسمى.\f* \b \b \m \c 26 \s1 تۇر ۋە زىدوننى ئەيىبلەش \m \v 1 ئون بىرىنچى يىلى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \f □ \fr 26:1 \ft \+bd «ئون بىرىنچى يىل»\+bd* ــ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ 11-يىلى ئىدى. بەلكىم ئون بىرىنچى ئاي بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «ۋاھ! ياخشى بولدى! ئەللەرنىڭ دەرۋازىسى بولغۇچى ۋەيران بولدى! ئۇ ماڭا قاراپ قايرىلىپ ئېچىلدى؛ ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئۆزۈمنى تويغۇزىمەن!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، \v 3 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى تۇر، مەن ساڭا قارشىمەن، دېڭىز دولقۇنلارنى قوزغىغاندەك، كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن قارشىلىشقا قوزغايمەن؛ \v 4 ئۇلار تۇرنىڭ سېپىللىرىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى چېقىپ يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى توپىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇنى تاقىر تاش قىلىپ قويىمەن. \v 5 ئۇ پەقەت دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تورلار يېيىلىدىغان جاي بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ئۇ ئەللەر ئۈچۈن ئولجا بولۇپ قالىدۇ. \v 6 ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرى قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.\f □ \fr 26:6 \ft \+bd «قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرى»\+bd* ــ بەلكىم تۇرغا بېقىندى بولغان يېزىلارنى كۆرسىتىدۇ. 8-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. \fp بۇ بېشارەت توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن تۇر بىلەن قارشىلىشىشقا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، يەنى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»نى، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن، ئاتلىق چەۋەندازلار، قوشۇن ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن شىمال تەرىپىدىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن. \v 8 ئۇ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرىنى قىلىچ بىلەن سويىدۇ، ساڭا مۇھاسىرە پوتەيلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكنى ياسايدۇ، ساڭا قاراپ قالقانلىرىنى كۆتۈرىدۇ. \v 9 ئۇ سېپىللىرىڭغا بۆسكۈچى بازغانلارنى قارىتىپ تىكلەيدۇ، قورال-پالتىلىرى بىلەن مۇنارلىرىڭنى چېقىپ غۇلىتىدۇ. \v 10 ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن چاڭ-توپىسى سېنى قاپلايدۇ؛ سېپىللىرى بۆسۈلگەن بىر شەھەرگە بۆسۈپ كىرگەندەك ئۇ سېنىڭ قوۋۇقلىرىڭدىن كىرگەندە، سېپىللىرىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ، چاقلارنىڭ ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ساداسى بىلەن تەۋرىنىپ كېتىدۇ. \v 11 ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى بىلەن ئۇ بارلىق رەستە-كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ؛ ئۇ پۇقرالىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ، كۈچلۈك تۈۋرۈكلىرىڭ يەرگە يىقىلىدۇ.\x + \xo 26:11 \xt يەش. 5‏:28؛ يەر. 47‏:3\x* \m \v 12 ئۇلار بايلىقلىرىڭنى ئولجا، مال-تاۋارلىرىڭنى غەنىمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار سېپىللىرىڭنى بۇزۇپ غۇلىتىپ، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىڭنى خارابە قىلىدۇ؛ ئۇلار سېنىڭ تاشلىرىڭ، ياغاچ-لىملىرىڭ ۋە توپا-چاڭلىرىڭنى دېڭىز سۇلىرى ئىچىگە تاشلايدۇ. \v 13 مەن ناخشلىرىڭنىڭ ساداسىنى تۈگىتىمەن؛ چىلتارلىرىڭنىڭ ئاۋازى قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. \x + \xo 26:13 \xt يەش. 24‏:7، 8؛ يەر. 7‏:34؛ 16‏:9\x* \v 14 مەن سېنى تاقىر تاش قىلىمەن؛ سەن تورلار يېيىلىدىغان بىر جاي بولىسەن، خالاس؛ سەن قايتىدىن قۇرۇلمايسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 26:14 \ft \+bd «مەن سېنى تاقىر تاش قىلىمەن؛ سەن تورلار يېيىلىدىغان بىر جاي بولىسەن، خالاس؛ سەن قايتىدىن قۇرۇلمايسەن»\+bd* ــ بۇ بېشارەت ئاۋۋال بابىلنىڭ ئىمپېراتورى نېبوقادنەسار، ئاندىن گرېك ئىمپېراتورى «بۈيۈك ئىسكەندەر» تەرەپلىرىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دەل مۇشۇ ئايەتتە ئېيتىلغاندەكتۇر. بۇ ئىشلار توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 15 رەب پەرۋەردىگار تۇرغا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن غۇلاپ كەتكىنىڭدە، يارىلانغانلار ئاھ-زارلىغىنىدا، ئوتتۇرۇڭدا قىرغىن-چاپقۇن قىلىنغاندا، دېڭىزنىڭ چەت ياقىلىرى تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ \v 16 دېڭىزدىكى شاھزادىلەر تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى بىرياققا تاشلاپ، كەشتىلىك كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى قورقۇنچ-تىترەك بىلەن پۈركەيدۇ؛ ئۇلار يەرگە ئولتۇرۇپ، ھېچ توختاۋسىز تىترەپ، ساڭا قاراپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. \v 17 ئۇلار سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئى ئاھالەڭ دېڭىزدىكىلەردىن بولغان، داڭقى چىققان، \m دېڭىز ئۈستىدىن كۈچلۈك ھۆكۈم سۈرگەن، \m ئۆز ۋەھشەتلىرىڭنى بارلىق دېڭىزدا تۇرۇۋاتقانلارغا سالغان شەھەر! \m سەن ۋە سەندا تۇرۇۋاتقانلار نەقەدەر ھالاك بولغان!\x + \xo 26:17 \xt ۋەھ. 18‏:9-19\x* \m \v 18 ھازىر سېنىڭ غۇلاپ كەتكەن كۈنۈڭدە، \m دېڭىز بويىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ \m دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە قىرغاقتىكىلەر سېنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنىڭدىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى».\f □ \fr 26:18 \ft \+bd «ھازىر سېنىڭ غۇلاپ كەتكەن كۈنۈڭدە، دېڭىز بويىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ...»\+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ كۆپ جەھەتلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 19 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مەن سېنى ئادەمزاتسىز شەھەرلەردەك، خارابە شەھەر قىلغىنىمدا، \m مەن ئۈستۈڭگە دېڭىز چوڭقۇرلۇقلىرىنى چىقىرىپ سېنى چۆكۈرگىنىمدە، \m ئۇلۇغ سۇلار سېنى بېسىپ ياپقاندا، \m \v 20 شۇ تاپتا مەن سېنى ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە چۈشۈرىمەن، \m قەدىمكى زاماندىكىلەرنىڭ قاتارىغا چۈشۈرىمەن؛ \m سېنى يەرنىڭ تېگىلىرىدە تۇرغۇزىمەن؛ \m سېنىڭدە قايتىدىن ئادەمزات بولماسلىقى ئۈچۈن، \m سېنى قەدىمكى خارابىلەر ئارىسىغا، \m ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە بولۇشقا چۈشۈرىمەن؛ \m بىراق تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولسا گۈزەللىك تىكلەپ قويىمەن؛\f □ \fr 26:20 \ft \+bd «بىراق تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولسا گۈزەللىك تىكلەپ قويىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن قايتىدىن تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورۇندا بولمايسەن».\f* \m \v 21 مەن سېنى باشقىلارغا بىر ئاگاھى-ۋەھشەت قىلىمەن؛ \m سەن قايتىدىن ھېچ بولمايسەن؛ \m ئۇلار سېنى ئىزدەيدۇ، بىراق سەن مەڭگۈگە تېپىلمايسەن» \m ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 27 \s1 تۇر توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت ــ تۇر شەھىرىنى چىرايلىق كېمىگە ئوخشىتىش \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ \m \v 3 ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ.\f □ \fr 27:3 \ft \+bd «ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىرىش ئاغزى» دېگەن سۆز «جۈپلۈك شەكلىدە»، چۈنكى تۇرنىڭ ئىككى پورتى بار ئىدى.\f*  \x + \xo 27:3 \xt ئ‍ەز. 28‏:12\x* \m \v 4 سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛ \m سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى. \m \v 5 ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛ \m ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛ \m \v 6 پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ \m پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، \m كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن.\x + \xo 27:6 \xt يەش. 2‏:13\x* \m \v 7 يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛ \m سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛ \f □ \fr 27:7 \ft \+bd «ئېلىشاھ»\+bd* ــ بەلكىم كۇپروسنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 8 زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛ \m سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى. \m \v 9 گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛ \m دېڭىز-ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى. \m \v 10 پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛ \m ئۇلار قالقان-دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛ \f □ \fr 27:10 \ft \+bd «لىۋىيەدىكىلەر»\+bd* ــ «لىۋىيە» ياكى«لىبيا» ئىبرانىي تىلىدا «پۇت» دېگەن سۆزدۇر.\f* \m \v 11 ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛ \m گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛ \m ئۇلار قالقان-قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛ \m ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛ \m \v 12 تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛ \m مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن.\f □ \fr 27:12 \ft \+bd «تارشىش»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا دېڭىز سودىسى بىلەن داڭقى چىققان «تارشىش» دەيدىغان ئۈچ يۇرت بار بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىرىنچىسى، شىمالىي ئافرىقىدا (ھازىرقى ماراكەش ئەتراپىدا)؛ ئىككىنچىسى ئىسپانىيە، ئۈچىنچىسى ئەنگلىيە ئىدى. مۇشۇ يەردە بەلكىم ئىسپانىيىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 13 جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛ \m ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا-قازانلارنى تېگىشكەن.\f □ \fr 27:13 \ft \+bd «جاۋان»\+bd* ــ ھازىرقى گرېتسىيەدۇر. تۇبال ۋە مەشەك ئەسلىدە ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىدا ياشىغان ئىككى قەبىلە ئىدى. كېيىن ئۇلار رۇسىيە تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. \+bd «ئادەملەرنىڭ جانلىرى»\+bd* ــ قۇللار دېگەنلىك.\f* \m \v 14 تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن. \m \v 15 دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛ \m دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛ \m ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛ \m \v 16 سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛ \m ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن.\f □ \fr 27:16 \ft \+bd «سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمە نۇسخىلاردا «ئارام» (سۇرىيە) ئەمەس، «ئېدوم» دېيىلىدۇ: 18-ئايەتتە «دەمەشق» (سۇرىيەنىڭ پايتەختى) توغرۇلۇق سۆز بولغاچقا، «ئېدوم» بەلكىم توغرىدۇر.\f* \m \v 17 يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛ \m تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن. \m \v 18 دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن، \m ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن. \m \v 19 ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى. \m \v 20 دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛ \m \v 21 ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛ \m ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن. \m \v 22 شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ \m مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. \m \v 23 ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛\f □ \fr 27:23 \ft \+bd «ئاشۇر»\+bd* ــ ئاسۇرىيە.\f* \m \v 24 ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛ \m بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا-ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى. \m \v 25 تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛ \f □ \fr 27:25 \ft \+bd «ئېغىرلىشىپ كەتكەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق گەپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى مەنىسى «ھۆرمەت-ئابرۇيلۇق بولغان» دېگەن مەنىدە. شۈبھىسىزكى، بۇ كىنايىلىك گەپ ئىدى.\f* \m \v 26 سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛ \m شەرق شامىلى سېنى دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا پارە-پارە قىلىۋەتتى؛\x + \xo 27:26 \xt ئ‍ەز. 17‏:1\x* \m \v 27 سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ، \m كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ، \m جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز-ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ.\x + \xo 27:27 \xt ۋەھ. 18‏:9-19\x* \m \v 28 يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ-زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ.\x + \xo 27:28 \xt ئ‍ەز. 26‏:10، 15\x* \m \v 29 پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، \m دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛ \m ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛ \m \v 30 ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، \m قاتتىق ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ؛ \m ئۇلار توپا-چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛ \m ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ. \m \v 31 ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛ \m ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد-ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ.\f □ \fr 27:31 \ft \+bd «بۆز كىيىملەر»\+bd* ــ ماتەم تۇتۇش ياكى قاتتىق توۋا قىلىشنى بىلدۈرەتتى.\f*  \x + \xo 27:31 \xt يەر. 48‏:37\x* \m \v 32 ئۇلار ئاھ-زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: \m ــ «تۇر دېڭىز-ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان! \m ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ \m \v 33 مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە، \m سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛ \m بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن. \m \v 34 سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز-ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە-پارە قىلىنغاندا، \m تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ-توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى. \m \v 35 بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛ \m ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان. \m \v 36 خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛ \m سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»».\f □ \fr 27:36 \ft \+bd «سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدىئ»\+bd* ــ «ئۇش-ئۇش قىلىش» كونا جەمئىيەتتە مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 27:36 \xt ئ‍ەز. 26‏:21\x* \b \b \m \c 28 \s1 تۇرنىڭ پادىشاھىنى ئەيىبلەيدىغان بىر بېشارەت \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ \m مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ \m (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) \m سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ.\x + \xo 28:2 \xt يەش. 31‏:3\x* \m \v 3 مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن؛ \m ھېچقانداق سىر سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛\f □ \fr 28:3 \ft \+bd «مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتتا دانىيال پەيغەمبەر ئاللىقاچان بابىل ئوردىسىدا بىرنەچچە يىل باش ۋەزىر بولغان.\f* \m \v 4 دانالىقىڭ ۋە ئەقلىڭ بىلەن سەن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇڭ، \m ئالتۇن-كۈمۈشنى خەزىنىلىرىڭگە توپلاپ قويدۇڭ؛ \m \v 5 تىجارەتتە بولغان زور دانالىقىڭ بىلەن بايلىقلىرىڭنى ئاۋۇتتۇڭ؛ \m بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ: ــ \m \v 6 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ كەتكەنلىكىڭدىن، \m \v 7 ئەمدى مانا، مەن يات ئادەملەر، \m يەنى ئەللەرنىڭ دەھشىتىنى ئۈستۈڭگە ئېپكېلىمەن؛ \m ئۇلار دانالىقىڭنىڭ پارلاقلىقىنى يوقىتىشقا قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ، \m شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ؛\x + \xo 28:7 \xt يەر. 6‏:23\x* \m \v 8 ئۇلار سېنى ھاڭغا چۈشۈرىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ قوينىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلىسەن. \m \v 9 ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟ \m بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن. \m \v 10 سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن؛ \m چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلغان»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 28:10 \ft \+bd «سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن»\+bd* ــ تۇردىكىلەر ئادەتتە «خەتنە قىلىنمىغان»لاردىندۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» دېگەن كىتابتا، «خەتنە قىلىنمىغان پېتىدا ئۆلۈش» دېگەن سۆز «خۇدادىن ئايرىلغان پېتىدا ئۆلۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز «خەتنە» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىتىلىمىز.\f* \b \m \s1 تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق بىر مەرسىيە \m \v 11 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 12 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇ مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ \m رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان، \m دانالىققا تولغان، گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەنىدىڭ؛\f □ \fr 28:12 \ft \+bd «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان»\+bd* ــ ياكى «سەن، كامالەتنىڭ مۆھۈرى بولغان».\f*  \x + \xo 28:12 \xt ئ‍ەز. 27‏:3\x* \m \v 13 سەن ئېرەم باغچىسى، يەنى خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغانسەن؛ \m ھەربىر قىممەتلىك تاشلار، يەنى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە ئالماس، بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق، ئانارتاش، كۆك ياقۇت، زۇمرەت ۋە كۆك قاشتاش ساڭا يۆگەك بولغان؛ \m ياقۇت كۆزلىرىڭ ۋە نەققاشلىرىڭ ئالتۇن ئىچىگە ياسالغان؛ \m سەن يارىتىلغان كۈنۈڭدە ئۇلار تەييارلانغانىدى. \m \v 14 سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن، \m چۈنكى مەن سېنى شۇنداق بېكىتكەنىدىم؛ \m سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس تېغىدا بولغانسەن؛ \m سەن ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدا يۈرەتتىڭ؛\f □ \fr 28:14 \ft \+bd «سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن»\+bd* ــ «كېرۇب» توغرۇلۇق 3:9-ئايەتتىكى ئىزاھات، «يار.» 24:3 ۋە »تۆبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «كېرۇب»لار كۈچلۈك پەرىشتىلەردۇر. \fp \fp «مەسىھلىنىش» ياكى «مەسىھ قىلىنىش» ــ تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ، «باش كاھىن» ھەم بەزى چاغلاردا پەيغەمبەرلەرنى تىكلەش ئۈچۈن «مەسىھ قىلىنىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. مۇراسىمدا بېشىغا پۇراقلىق ماي قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھلەش» دەپ ئاتالغان. بىراق مۇشۇ يەردە بىر كېرۇب (پەرىشتە) «مەسىھ قىلىنغان»؛ خۇدا ئۆزى ئۇنى ئالاھىدە بىر خىزمەت قىلىشقا تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلىگەن بولسا كېرەك.\f* \m \v 15 سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ.\f □ \fr 28:15 \ft \+bd «سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم ھازىر كۆرىدۇكى، ئەزاكىيال پەيغەمبەر تۇر پادىشاھىغا ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان روھىي كۈچكە سۆز قىلىۋاتىدۇ. ئالدىدىكى 1-10 ئايەتلەر «تۇرنىڭ شاھشزادىسى» توغرۇلۇق ئىدى؛ ھازىر تېما «تۇرنىڭ پادىشاھى»غا ئۆزگەتىلىدۇ. بىزدە ھېچ گۇمان يوقكى، ئۇ شەيتانغا گەپ قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ يەردە شەيتان توغرۇلۇق بىرنەچچە مۇھىم خەۋەرلەر بار: ــ \fp (1) ئۇ خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان. \fp (2) ئۇنىڭ ئېرەم باغچىسىدا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچىلىك قىلىدىغان خىزمىتى بار ئىدى. \fp (3) ئۇ ئەسلى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە كۈچلۈك كېرۇب (پەرىشتە) ئىدى. \fp (4) ئۇ ئېرەم باغچىسىدا بولغان ۋاقىتتا خۇداغا قارشى چىققان. \fp (5) شۇ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋېتىلگەن.\f* \m \v 16 قىلغان سودىلىرىڭنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن سەن زورلۇق-زۇمبۇلۇق بىلەن تولۇپ، گۇناھ سادىر قىلغان؛ \m شۇڭا مەن سېنى خۇدانىڭ تېغىدىن ھارام نەرسە دەپ تاشلىۋەتكەنمەن؛ \m مەن سېنى، ئى مۇھاپىزەتچى كېرۇب، ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدىن ھەيدەپ يوقاتقانمەن؛ \m \v 17 سېنىڭ كۆڭلۈڭ گۈزەللىكىڭ بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتتى؛ \m پارلاقلىقىڭ تۈپەيلىدىن سەن دانالىقىڭنى بۇلغىغانسەن؛ \m مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ \m پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ياتقۇزدۇم. \f □ \fr 28:17 \ft \+bd «... مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا تۇرغۇزدۇم»\+bd* ــ مۇشۇ 17- ۋە كېيىنكى ئايەتلەردە، ئەزاكىيال ھەم شەيتانغا ھەم تۇر پادىشاھى (ئىتتوبال II)غا سۆز قىلىدۇ. تۇر پادىشاھى شەيتانغا ئىنتايىن ئوخشاپ كەتكەن.\f* \m \v 18 سېنىڭ قەبىھلىكلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، \m قىلغان سوداڭنىڭ ئادىلسىزلىقى تۈپەيلىدىن، \m ئۆز مۇقەددەس جايلىرىڭنى بۇلغىغانسەن؛ \m مەن ئۆزۈڭدىن بىر ئوتنى چىقاردىم، \m ئۇ سېنى كۆيدۈرۈپ يەۋەتتى؛ \m شۇنىڭ بىلەن ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆز ئالدىدا، \m مەن سېنى يەردە قالغان كۈللەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتىم. \m \v 19 سېنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ ساراسىمىدە قالىدۇ؛ \m سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن». \b \m \s1 زىدوننى ئەيىبلەيدىغان بىر بېشارەت \m \v 20 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 21 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى زىدونغا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ \f □ \fr 28:21 \ft \+bd «زىدون»\+bd* ــ تۇر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق رايون ئىدى.\f* \m \v 22 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مانا، مەن ساڭا قارشى، ئى زىدون؛ \m ئۆزۈم ئاراڭدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ \m مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، \m ئۆزۈمنى ئۇنىڭدا پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىمنى كۆرسەتكىنىمدە، \m ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. \m \v 23 مەن ئۇلارغا ۋابانى ئەۋىتىپ، رەستە-كوچىلىرىدا قان ئاققۇزىمەن؛ \m ئۇنىڭغا قارشى چىققان قىلىچنىڭ ھەر ئەتراپىدا بولغانلىقىدىن ئوتتۇرىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ \m \v 24 ئۇلار يەنە ئىسرائىل جەمەتىنى كۆزگە ئىلمىغان ئەتراپىدىكىلەر ئارىسىدا، \m ئىسرائىل ئۈچۈن ئادەمنى سانجىغۇچى جىغان ياكى دەرد-ئەلەملىك تىكەن بولمايدۇ؛ \m شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». \m \v 25 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار تارقىتىلغان ئەللەر ئارىسىدىن ئىسرائىل جەمەتىنى قايتىدىن يىغقىنىمدا، ئۇلاردا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مەن ئۆز قۇلۇم بولغان ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئولتۇرىدۇ؛ \v 26 ئۇلار ئۇنىڭدا تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ياشاپ، ئۆيلەرنى سېلىپ ئۈزۈمزارلارنى تىكىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ».\x + \xo 28:26 \xt يەر. 31‏:5\x* \b \b \m \c 29 \s1 پىرەۋن ۋە مىسىرنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت \m \v 1 ئونىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارىتىپ ئۇنى ۋە مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دېگىن: ــ \f □ \fr 29:2 \ft \+bd «مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ...»\+bd* ــ مىسىر ئىككى قىسىمغا، يەنى «تۆۋەن مىسىر» ۋە «يۇقىرىقى مىسىر»غا بۆلۈنگەن. «مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى...» دېگەن سۆز بۇ ئىككى قىسمىغا قارىتىلغان.\f* \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ دەريا ئۆزۈمنىڭكى، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن ياراتقانمەن» دېگۈچى بولغان، ئۆز دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا ياتقان يوغان ئەجدىھا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن، مانا، مەن ساڭا قارشىمەن!\x + \xo 29:3 \xt زەب. 74‏:13،14؛ يەش. 27‏:1؛ 51‏:9\x* \m \v 4 مەن قارماقلارنى ئېڭەكلىرىڭگە سېلىپ، دەريالىرىڭدىكى بېلىقلارنى ئۆز قاسىراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرۇپ سېنى دەريالىرىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىرىمەن؛ دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلار قاسىراقلىرىڭغا چاپلىشىدۇ. \v 5 مەن سېنى، يەنى سەن ۋە دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلارنى چۆل-باياۋانغا تاشلايمەن؛ سەن دالاغا چۈشۈپ يىقىلىسەن. ھېچكىم سېنى يىغمايدۇ، دەپنە قىلمايدۇ؛ مەن سېنى يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ئوزۇقى بولۇشقا تەقدىم قىلىمەن. \v 6 شۇنىڭ بىلەن مىسىردا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىگە «قومۇش ھاسا» بولغان. \f □ \fr 29:6 \ft \+bd «قومۇش ھاسا»\+bd* ــ دېمەك، تايانغىلى بولمايدىغان، ئىشەنچسىز ياردەم. 7-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 29:6 \xt 2پاد. 18‏:21؛ يەش. 36‏:6\x* \v 7 ئۇلار سېنى قول بىلەن تۇتقاندا، سەن يېرىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۈرىلىرىنى تىلىۋەتتىڭ؛ ئۇلار ساڭا تايانغاندا، سەن سۇنۇپ، پۈتكۈل بەللىرىنى مىتكۇت قىلىۋەتتىڭ». \m \v 8 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بىر قىلىچ چىقىرىپ، سەندىكى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى قىرىۋېتىمەن. \v 9 مىسىر زېمىنى ۋەيرانە ۋە خارابىلەر بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى پىرەۋن: «نىل دەرياسى مېنىڭكى، مەن ئۇنى ياراتقانمەن» دېگەنىدى. \m \v 10 شۇڭا مانا، مەن ساڭا ھەم سېنىڭ دەريالىرىڭغا قارشىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە پۈتۈنلەي خارابە-ۋەيرانە قىلىۋېتىمەن. \f □ \fr 29:10 \ft \+bd «مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە...»\+bd* ــ «مىگدول» بەلكىم نىل دەرياسىنىڭ دېلتىسىدا، «سەۋەن» بولسا ھازىرقى «ئاسۋان» (چوڭ دامبا ياسالغان) شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 11 قىرىق يىل ئىچىدە، ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ ئايىغى ئۇنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ. \v 12 مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن؛ ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ؛ مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن».\f □ \fr 29:12 \ft \+bd «زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلەر ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن»\+bd* ــ بۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىبارىلەر بەلكىم «دۇنيا بويىچە ئۇنى ئەڭ ۋەيرانە زېمىن قىلىمەن» دېگەن مەنىدە. \+bd «ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ»\+bd* ــ «قىرىق يىل ۋەيران بولۇش»نى كۆرسەتكەن بۇ بېشارەت، بەلكىم بىرىنچى قېتىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-487-يىللاردا، پارس ئىمپېراتورى «كامبىسىس»نىڭ مىسىر ئۈستىدىن رەھىمسىز ھۆكۈم سۈرۈشى، شۇنىڭدەك مىسىرنىڭ پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بىراق شۇ دەۋردە مىسىردا «ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ» دېگەن (11-ئايەتتىكى) بېشارەت تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى. شۇڭا بېشارەتنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 13 بىراق رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قىرىق يىلنىڭ ئاخىرىدا مەن مىسىرلىقلارنى تارقىتىلغان ئەللەردىن يىغىپ قايتۇرىمەن؛ \v 14 مەن مىسىرنى سۈرگۈندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى پاتروس زېمىنىغا، يەنى تۇغۇلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار شۇ يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەملىكەت بولىدۇ. \v 15 ئۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرىدۇ؛ ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى باشقا ئەللەر ئۈستىگە كۆتۈرمەيدۇ؛ مەن ئۇلارنى پەسەيتىمەنكى، ئۇلار قايتىدىن باشقا ئەللەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. \v 16 \add مىسىر\add* قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ».\f □ \fr 29:16 \ft \+bd «مىسىر قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ»\+bd* ــ ئىسرائىللار ھەردائىم مىسىردىن پاناھ ئىزدەپ كەلگەن، بۇ خۇداغا ئىشەنمەسلىك گۇناھى بولغان.\f*  \x + \xo 29:16 \xt يىغ. 4‏:17\x* \b \m \s1 مىسىر ۋە بابىل \m \v 17 يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \f □ \fr 29:17 \ft \+bd «يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ... پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنكى، مىسىر توغرۇلۇق بۇ بېشارەت يۇقىرىقى بېشارەتلەردىن 17 يىل كېيىن بېرىلگەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ مىسىر توغرىسىدىكى بېشارەتلەرنى جەم قىلىپ تولۇق بولسۇن دەپ مۇشۇ يەردە قوشۇلغان.\f* \m \v 18 ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر باش تاقىر بولۇپ كەتتى، ھەربىر مۈرە سۈركىلىپ يېغىر بولۇپ كەتتى؛ بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى؛ \f □ \fr 29:18 \ft \+bd «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى... بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى»\+bd* ــ ئەمەلىيەتتە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇر شەھىرىنى 13 يىل مۇھاسىرىگە ئالدى! ئۇ ئاخىردا بابىلغا تەسلىم بولدى، بىراق بۇ سۆزگە قارىغاندا نېبوقادنەسار ئۇنىڭدىن ھېچ پايدا كۆرمىگەن.\f* \v 19 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مىسىر زېمىنىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارغا تەقدىم قىلىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئولجىسىنى بۇلاپ، غەنىمىتىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ بۇلار ئۇنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن ئىش ھەققى بولىدۇ. \v 20 مەن ئۇنىڭغا \add تۇرغا\add* جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار مېنى دەپ ئەجىر قىلدى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 29:20 \ft \+bd «مەن ئۇنىڭغا تۇرغا جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردە «تۇرغا» دېگەنلىك «ئۇنىڭغا» دېيىلىدۇ. 18-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 21 ــ مەن شۇ كۈندە ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بىر مۈڭگۈز ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن، ۋە سەن \add ئەزاكىيالنىڭ\add* ئاغزىڭنى ئۇلار ئارىسىدا ئاچىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ.\f □ \fr 29:21 \ft \+bd «مەن شۇ كۈندە ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بىر مۈڭگۈز ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن»\+bd* ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتىنى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «زەبۇر» 132-كۈي، 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇ مۈڭگۈزلەر ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە!\f* \b \b \m \c 30 \s1 مىسىر توغرۇلۇق ئېيتىلغان مەرسىيە \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن. \m \v 3 چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر. \f □ \fr 30:3 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»\+bd* ــ ئادەتتە ئاخىرقى زاماندىكى، ھەر ئەل-مىللەتنى باسقان ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» بەلكىم ھەم يېقىن ئارىغا بولىدىغان ۋە يىراق كەلگۈسىدە بولىدىغان (ئاخىرقى زاماندىكى) ئىشلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. \m \v 5 ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ.\f □ \fr 30:5 \ft \+bd «بارلىق ئەرەبىيە»\+bd* ــ ياكى، «ئارىلىشىپ كەتكەن توپ-توپ ئادەملەر». \+bd «لىۋىيە»\+bd* ــ (ياكى «لىبيا») ئىبرانىي تىلىدا «لۇبىيلار». بەزى كۆچۈرمىلەردە «قۇبدىكىلەر» دېيىلىدۇ. ئادەتتە «پۇت» «لىۋىيە»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەر»\+bd* ــ بەلكىم (خۇدانىڭ يوليورۇقلىرىغا خىلاپ) مىسىرغا قېچىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەر.» 44-بابنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 6 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 7 ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ. \v 8 شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ \v 9 شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقىتىش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! \m \v 10 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن. \f □ \fr 30:10 \ft \+bd «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «يەنە» بېشارەتنىڭ ھەم يېقىن ئارىنى (نېبوقادنەسار ئارقىلىق) ھەم يىراق كەلگۈسىنى (ئاخىرقى زامانلارنى)مۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.\f* \v 11 ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.\f □ \fr 30:11 \ft \+bd «ئۇ (نېبوقادنەسار) ... ئېلىپ كېلىنىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، نېبوقادنەسارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كېلىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.\f*  \x + \xo 30:11 \xt ئ‍ەز. 28‏:7\x* \m \v 12 مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن، \m ۋە زېمىننى رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن؛ \m زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنى يات ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيرانە قىلىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان». \m \v 13 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن. \f □ \fr 30:13 \ft \+bd «نوف شەھىرى»\+bd* ــ ھازىرقى مەمفىس شەھىرى.\f* \v 14 مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. \f □ \fr 30:14 \ft \+bd «نو شەھىرى»\+bd* ــ ھازىرقى تېبېس شەھىرى.\f* \v 15 مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن. \m \v 16 مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ. \v 17 ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ. \v 18 مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. \m \v 19 مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». \b \m \s1 پىرەۋن توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت \m \v 20 ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 21 ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى.\f □ \fr 30:21 \ft \+bd «...مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ ... قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى»\+bd* ــ بۇ بېشارەت بەلكىم «يەر.» 1:37-10 ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. خوفنا پىرەۋننىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغان بابىل قوشۇنىغا قارشى جەڭگە چىققاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ مىسىرغا چېكىنگەن.\f* \m \v 22 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمەن؛ \v 23 مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن. \v 24 مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ. \m \v 25 مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ \v 26 ۋە مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن؛ ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ». \b \b \m \c 31 \s1 ئاسۇرىيە قانداق بولغان بولسا، مىسىر شۇنداق بولىدۇ \m \v 1 ئون بىرىنچى يىلى، ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟\f □ \fr 31:2 \ft \+bd «ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟»\+bd* ــ خۇدانىڭ بۇ سوئالى «كىممۇ سەن بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ؟» دېگەنگە ئوخشىغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە شۇنداق مەنىدە ئەمەس. 3-14-ئايەتلەردىن قارىغاندا، خۇدانىڭ مىسىرغا ئېيتقان سۆزى «سەن ئاسۇرىيەدىن ھېچ بۈيۈك ئەمەسسەن، ئاسۇرىيەگە ئوخشاش يەرنىڭ تېگىگىچە تۆۋەن قىلىنىسەن» دېگەنگە باراۋەر.\f* \m \v 3 مانا، ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇچى بۇلۇتلارغا تاقاشقانىدى؛ \f □ \fr 31:3 \ft \+bd «ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى...»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى بۇ بېشارەتتىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى بابىل تەرىپىدىن ھالاك بولغان.\f*  \x + \xo 31:3 \xt دان. 4‏:7\x* \v 4 سۇلار ئۇنى يوغان قىلىپ، چوڭقۇر بۇلاقلار ئۇنى ئېگىز قىلىپ ئۆستۈرگەندى؛ ئېرىقلىرى ئۇنىڭ تۈۋىدىن، ئەتراپىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇلار ئۆز ئۆستەڭلىرىنى دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگىچە ئەۋەتكەنىدى. \v 5 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىخلانغان ۋاقىتتا، مول سۇلار بىلەن ئېگىزلىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز بولغان، ئۇنىڭ شاخلىرى كۆپەيگەن ۋە شاخچىلىرى ئۇزۇن بولغان؛ \v 6 ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلىغان، شاخچىلىرى ئاستىدا دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بالىلىغان؛ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا بارلىق ئۇلۇغ ئەللەر ياشىغان.\x + \xo 31:6 \xt دان. 4‏:9\x* \m \v 7 شۇنداق بولۇپ ئۇنىڭ شاخلىرى كېڭىيىپ، ئۇ بۈيۈكلۈكىدە گۈزەللەشكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزلىرى مول سۇلارغا يەتكەن. \v 8 خۇدانىڭ باغچىسىدىكى كېدىر دەرەخلەرمۇ ئۇنى توسالمايتتى؛ قارىغايلار ئۇنىڭ شاخلىرىدەك، چىنار دەرەخلىرى ئۇنىڭ شاخچىلىرىدەكمۇ كەلمەيتتى؛ خۇدانىڭ باغچىسىدىكى ھېچقانداق دەرەخ گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. \x + \xo 31:8 \xt يار. 2‏:8\x* \v 9 مەن ئۇنى شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گۈزەل قىلغانمەن؛ خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغان بارلىق دەرەخلەر، يەنى ئېرەمدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭدىن ھەسەت قىلغانىدى. \m \v 10 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، \f □ \fr 31:10 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتنىڭ شەكلى: «چۈنكى \+bd سەن\+bd* ئۆزۈڭنى ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن...». \fp شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسى (سەن... تۈپەيلىدىن..) مىسىرغا ئېيتىلغان. بىراق جۈملە مۇشۇ ئايەتتە تۈگىمەيدۇ؛ مىسىرنى كۆرسەتكەن بولسا پەقەت 18-ئايەتكە كەلگەندە تۈگىشى كېرەك. 11-18-ئايەتلەر يەنىلا ئاسۇرىيەگە ئېيتىلغان.\f* \v 11 ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. \v 12 يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. \x + \xo 31:12 \xt ئ‍ەز. 28‏:7؛ 30‏:11\x* \v 13 ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ. \m \v 14 بۇنىڭ مەقسىتى، سۇلاردىن سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرمىسۇن، ياكى ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرمىسۇن، ياخشى سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە بېكىتىلگەن ــ يەرنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ، ئۆلىدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ قاتارىدىدۇر. \m \v 15 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. \v 16 مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. \f □ \fr 31:16 \ft \+bd «مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە... ... ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان»\+bd* ــ دېمەك، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن ئىلگىرى غۇلىغان ئىمپېرىيەلەر ئاسۇرىيەنىڭ غۇلاپ كېتىشىگە قاراپ «بىزدىن ئۇلۇغ بولغان ئىمپېرىيەمۇ دەرۋەقە غۇلىدى» دەپ تەسەللى تاپىدۇ.\f*  \x + \xo 31:16 \xt يەش. 14‏:9\x* \v 17 ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن.\f □ \fr 31:17 \ft \+bd «ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ... ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن»\+bd* ــ «...قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، رەسمىي دەپنە قىلىنماي تەھتىسارادا پەس دەپ قارالغان، ياكى بولمىسا تەھتىسارادا ئەڭ تۆۋەن جايدا تۇرىدىغان. ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇدا پىرەۋن، مىسىر ۋە قوشۇنلىرىنىڭ رەسمىي دەپنە قىلىنماسلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن رەنجىگەنلىكىنى باشقا ئەللەرگە كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 18 قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن \add مىسىرغا\add* تەڭ كېلەلەيتتى؟ بىراق سەنمۇ ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەر بىلەن تەڭ يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلىسەن؛ سەن خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە ياتىسەن؛ مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 31:18 \ft \+bd «قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن مىسىرغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ .... مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر»\+bd* ــ بېشارەتنىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى، يەنى 18-ئايەت مىسىر ۋە پادىشاھى پىرەۋنگە ئېيتىلىدۇ. ئىلگىرىكى 2-17-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ مىسىرنىڭ ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.\f*  \x + \xo 31:18 \xt ئ‍ەز. 28‏:10\x* \b \b \m \c 32 \s1 مىسىرغا قىلىنغان مەرسىيە \m \v 1 ئون ئىككىنچى يىلى، ئون ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ سەن ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارىسىدا بىر شىرغا ئوخشاتقانسەن، بىراق سەن دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدىكى بىر ئەجدىھاسەن، خالاس؛ سەن پالاقلىشىپ ئېرىقلىرىڭنى ئېشىپ تاشتۇرۇپ، سۇلىرىنى ئاياغلىرىڭ بىلەن چالغىتىپ، دەريالىرىنى لېيىتىپ قويدۇڭ.\f □ \fr 32:2 \ft \+bd «سەن ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارىسىدا بىر شىرغا ئوخشاتقانسەن، بىراق سەن دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدىكى بىر ئەجدىھاسەن، خالاس»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئەللەر ئارىسىدا بىر شىردەك بولغانىدىڭ، دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدا ئەجدىھاسەن». «ئەجدىھا» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە يەنە (نىل دەرياسىدا كۆپ تېپىلىدىغان) تىمساھنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 32:2 \xt ئ‍ەز. 29‏:3\x* \m \v 3 ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆپ ئەللەرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئالدىدا ئۆز تورۇمنى ئۈستۈڭگە يېيىپ تاشلايمەن؛ ئۇلار سېنى تورۇمدا تۇتۇپ تارتىشىدۇ. \x + \xo 32:3 \xt ئ‍ەز. 12‏:13؛ 17‏:20\x* \v 4 مەن سېنى قۇرۇقلۇقتا قالدۇرۇپ، دالاغا تاشلايمەن؛ ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارنى ئۈستۈڭگە قوندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى جانىۋارلارنى سېنىڭدىن تويۇندۇرىمەن؛ \v 5 گۆشۈڭنى تاغلار ئۈستىگە قويىمەن، جىلغىلارنى پۈتكۈل ئەزايىڭ بىلەن تولدۇرىمەن؛ \v 6 مەن قېنىڭنىڭ ئېقىشلىرى بىلەن زېمىننى ھەتتا تاغلارغىچىمۇ سۇغىرىمەن؛ جىرالار سەن بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. \m \v 7 نۇرۇڭنى ئۆچۈرگىنىمدە، مەن ئاسمانلارنى توسۇۋېتىمەن، يۇلتۇزلارنى قارا قىلىمەن؛ قۇياشنى بۇلۇت بىلەن قاپلايمەن، ئاي نۇر بەرمەيدۇ. \x + \xo 32:7 \xt يەش. 13‏:10؛ يو. 2‏:31، 3‏:15\x* \v 8 ئاسمانلاردىكى بارلىق پارلايدىغان نۇرلارنى ئۈستۈڭدە قارا قىلىپ، زېمىنىڭگە قاراڭغۇلۇقنى قاپلايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \f □ \fr 32:8 \ft \+bd «ئاسمانلاردىكى بارلىق پارلايدىغان نۇرلارنى ئۈستۈڭدە قارا قىلىپ، زېمىنىڭگە قاراڭغۇلۇقنى قاپلايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار»\+bd* ــ يەنە تەكرارلايمىزكى، بۇ بېشارەت بەلكىم ھەم يېقىنقى ۋاقىت (بابىلنىڭ ھۇجۇمى ئارقىلىق)نى ھەم ئاخىرقى زامانلاردىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئاخىرقى زامانلاردىمۇ ئەللەرنى قورقىتىدىغان «يېڭى بابىل» پەيدا بولۇشى مۇمكىن («ۋەھ.» 17-18-بابلارنى كۆرۈڭ).\f* \v 9 مەن ئەللەر ئارىسىغا، يەنى سەن تونۇمىغان مەملىكەتلەر ئارىسىغا سېنىڭ ھالاكتىن \add قالغان ئادەملىرىڭنى\add* ئېلىپ كەتكىنىمدە، كۆپ ئەللەرنىڭ يۈرىكىنى بىئارام قىلىمەن؛ \v 10 مەن كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن ئالاقزادە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا قاراپ دەھشەتلىك قورقىشىدۇ؛ مەن قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئويناتقىنىمدا، يەنى سېنىڭ يىقىلغان كۈنىڭدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز جان قايغۇسىدا ھەر دەقىقە تەۋرىنىدۇ. \m \v 11 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ئۈستۈڭگە چىقىدۇ. \v 12 پالۋانلارنىڭ قىلىچلىرى بىلەن مەن سېنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىڭنى يىقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەبىتلەردۇر؛ ئۇلار مىسىرنىڭ پەخرىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى قۇرۇتۇۋېتىلىدۇ.\x + \xo 32:12 \xt ئ‍ەز. 28‏:7؛ 31‏:12؛ 31‏:2،18؛ 32‏:16 \x* \m \v 13 مەن زور سۇلار بويىدىن بارلىق ھايۋانلىرىنىمۇ ھالاك قىلىمەن؛ ئىنسان ئايىغى قايتىدىن ئۇلارنى چالغاتمايدۇ، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى قايتىدىن ئۇلارنى لېيىتمايدۇ. \f □ \fr 32:13 \ft \+bd «زور سۇلار»\+bd* ــ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ دېلتىسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 14 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى تىندۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئېرىقلىرىنى سۈپسۈزۈك مايدەك ئاقتۇرىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 15 ــ مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيرانە قىلغىنىمدا، زېمىن ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن مەھرۇم بولغىنىدا، مەن ئۇنىڭدىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئۇرۇۋەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. \m \v 16 ــ بۇ بىر مەرسىيە؛ ئۇلار ئۇنى ئوقۇيدۇ ــ ئەللەرنىڭ قىزلىرى ماتەم قىلىپ ئۇنى ئوقۇيدۇ؛ مەرسىيەنى ئۇلار مىسىر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىگە ئوقۇيدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \m \s1 پىرەۋن تەھتىساراغا چۈشىدۇ \m \v 17 ئون ئىككىنچى يىلى، ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە \add يەنە\add* شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \f □ \fr 32:17 \ft \+bd «ئون ئىككىنچى يىلى، ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە...»\+bd* ــ بەلكىم ئون ئىككىنچى ئايدا، يەنى يۇقىرىقى بېشارەتتىن ئىككى ھەپتە كېيىن: 1-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 18 ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى، يەنى ئۇنى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە تۆۋەنگە، ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈپ تاشلىۋەت؛ \f □ \fr 32:18 \ft \+bd «ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى، يەنى ئۇنى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە تۆۋەنگە، ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈپ تاشلىۋەت»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن، سەن ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى ئاھ-زار چېكىڭلار؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە تاشلىۋەت».\f* \v 19 گۈزەللىكتە سەن كىمدىن ئارتۇق ئىدىڭ؟ ئەمدى چۈشۈپ، خەتنە قىلىنمىغان بىلەن بىللە يات! \v 20 ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا يىقىلىدۇ؛ قىلىچ سۇغۇرۇلدى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى سۆرەپ ئاپىرىۋېتىلسۇن! \v 21 ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ \add مىسىر\add* ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!». \m \v 22 ــ مانا، شۇ يەردىدۇر ئاسۇرىيە ۋە ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى؛ ئۇنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان. \v 23 ئۇلارنىڭ گۆرلىرى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدىدۇر؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى ئۆز گۆرى ئەتراپىدا تۇرىدۇ؛ ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ۋەھشەت سالغانلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان. \m \v 24 مانا ئېلام ۋە ئۇنىڭ گۆرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان، ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان پېتى يەر تېگىلىرىگە چۈشكەنلەر ــ يەنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ئۆز ۋەھشىتىنى سالغانلار! بىراق ھازىر ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە چۆمىدۇ. \m \v 25 كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا، توپ-توپ ئادەملىرى ئارىسىدا بىر ئورۇن راسلىغان؛ خەلقىنىڭ گۆرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار؛ شۇڭا ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ ــ گەرچە تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ۋەھشىتى ئادەملەرگە سېلىنغان بولسىمۇ! \m \v 26 مانا شۇ يەردە مەشەك بىلەن تۇبال بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار ــ گەرچە ئۇلار تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىدا ئۆز ۋەھشىتىنى ئادەملەرگە سالغان بولسىمۇ! \v 27 ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، قىلىچلىرى ئۆز بېشى ئاستىغا قويۇلغان، خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ!\f □ \fr 32:27 \ft \+bd «ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، ... خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ!»\+bd* ــ دېمەك، مەشەك ۋە تۇبال دېگەن ئىككى قەبىلىدىكىلەر (ھازىرقى رۇسىيەدىكى «موسكۋا» ۋە «توبولسك» بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇشى مۇمكىن) جەڭدە قىرىلىپ، باتۇرلاردەك دەپنە قىلىنماي، بەلكى ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇستىخانلىرى ئوچۇق ئاسمان ئاستىدا ياتىدۇ.\f* \m \v 28 سەن \add پىرەۋنمۇ\add* خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا تارمار بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ياتىسەن. \m \v 29 مانا شۇ يەردە ئېدوم، ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق شاھزادىلىرىمۇ؛ ئۇلار كۈچلۈك بولسىمۇ، قىلىچلانغانلار بىلەن بىللە ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە ياتىدۇ. \m \v 30 مانا شىمالدىكى شاھزادىلەر، ھەممىسى؛ مانا بارلىق زىدوندىكىلەر، ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە چۈشكەن؛ گەرچە ئۆز كۈچى بىلەن ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر خىجالەتتە قالدى؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان بولۇپ، قىلىچلانغانلار ئارىسىدا يېتىپ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە خىجالەتكە قالىدۇ. \m \v 31 پىرەۋن بۇلارنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىلىچلانغان توپ-توپ ئادەملىرى توغرۇلۇق، يەنى ئۆزى ۋە قوشۇنى توغرۇلۇق ئۇلاردىن تەسەللى ئالىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 32 ــ گەرچە مەن ئۇنىڭ ۋەھشىتىنى تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىغا سالدۇرغان بولساممۇ، بىراق ئۇ خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ــ يەنى پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 33 \s1 يېرۇسالېمنىڭ غۇلىشى •••• كۆزەتچىنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە سۆز يەتكۈزۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن قىلىچنى مەلۇم بىر زېمىن ئۈستىگە چىقارغىنىمدا، زېمىندىكى خەلق ئۆز ئارىسىدىن بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنى كۆزەتچى بېكېتسە، ــ \v 3 ئۇ قىلىچنىڭ زېمىن ئۈستىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كاناي چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا، \v 4 كىمدىكىم كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىسا، قىلىچ كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتسە، ئەمدى ئۇنىڭ قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە بولىدۇ. \v 5 ئۇ كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ قېنى ئۆزىگە بولىدۇ؛ ئۇ ئاگاھ ئالغان بولسا، جېنىنى قۇتقۇزغان بولاتتى. \m \v 6 بىراق كۆزەتچى قىلىچنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، كاناي چالماي، خەلقنى ئاگاھلاندۇرمىسا، ئەمدى قىلىچ كېلىپ ئۇلار ئارىسىدىن بىراۋنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن مەن كۆزەتچىدىن ھېساب ئالىمەن. \m \v 7 ئەمدى، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى دەپ بېكىتكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن خەۋەر ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن ئاگاھ يەتكۈزىسەن. \x + \xo 33:7 \xt ئ‍ەز. 3‏:1\x* \v 8 مەن رەزىل ئادەمگە: «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، ۋە ئۆزۈڭ بۇ رەزىلنى يولىدىن ياندۇرۇشقا سۆز قىلماي ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ، ئۇ رەزىل ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. \f □ \fr 33:8 \ft \+bd «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن»\+bd* ــ بۇ ئاگاھ پەقەت جىسمانىي جەھەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايمىز. ھەربىر ئادەم ئىلگىرى-كېيىن (ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ سەۋەبىدىن) ئۆلىدۇ. مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئۆلۈش خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن، بەرىكەتلىرىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايمىز (11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 9 بىراق سەن رەزىلنى يولىدىن يېنىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرساڭ، ئۇ يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۆزۈڭ ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. \m \v 10 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر: «بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ۋە گۇناھلىرىمىز بېشىمىزدىدۇر، بىز ئۇلار بىلەن زەئىپلىشىپ كېتىۋاتىمىز؛ ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟» دەيسىلەر. \f □ \fr 33:10 \ft \+bd «ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟»\+bd* ــ ياكى «ئەمدى قانداق ياشايمىز؟». \fp بۇ ئايەتلەردە «ھەققانىيلىق» (ئىنساننىڭ ھەققانىيلىقى) ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئۆزىگە تايانغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى، دەپ ئىسپاتلىنىدۇ. «ھەققانىي ئادەم» «ئۆز ھەققانىيلىقى»غا تايانسا (دېمەك، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە بولسا) تۈگىشىدۇ.\f*  \x + \xo 33:10 \xt ئ‍ەز. 24‏:23\x* \v 11 ئۇلارغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوقتۇر؛ پەقەت ئۇلارنى رەزىل يولىدىن يېنىپ ھاياتقا ئېرىشسۇن دەيمەن؛ رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار، يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆلگۈڭلار كېلىدۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ دېگىن.\x + \xo 33:11 \xt ئ‍ەز. 18‏:23، 32\x* \m \v 12 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە مۇنداق دېگىن: ــ ھەققانىي ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئاسىيلىق قىلغان كۈنىدە ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ھەم رەزىل ئادەم بولسا، ئۇ ئۆز رەزىللىكىدىن يانغان كۈنىدە رەزىللىكىدىن يىقىلمايدۇ؛ ھەققانىي ئادەم گۇناھ سادىر قىلغان كۈنىدە، ئۇ ئەسلىدىكى ھەققانىيلىقى بىلەن ھاياتتا تۇرىۋەرمەيدۇ.\x + \xo 33:12 \xt ئ‍ەز. 18‏:24\x* \m \v 13 مەن ھەققانىيغا: «سەن بەرھەق ھاياتقا ئېرىشسەن» دېگىنىمدە، ئۇ ئۆز ھەققانىيلىقىغا تايىنىپ قەبىھلىك سادىر قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ.\f □ \fr 33:13 \ft \+bd «ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭدا ئۆلىدۇ». \fp بۇ ئايەتلەردە «ھەققانىيلىق» (ئىنساننىڭ ھەققانىيلىقى) ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئۆزىگە تايانغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى، دەپ ئىسپاتلىنىدۇ. «ھەققانىي ئادەم» «ئۆز ھەققانىيلىقى»غا تايانسا (دېمەك، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە بولسا) تۈگىشىدۇ.\f* \m \v 14 ئەمدى مەن رەزىلگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق ئۇ گۇناھىدىن يېنىپ، كۆز ئالدىمدا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرسە ــ \v 15 رەزىل ئادەم قەرزگە كاپالەتكە ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ــ بۇلاڭچىلىقتا ئالغاننى قايتۇرۇپ بەرسە ــ قەبىھلىك سادىر قىلماي، ھايات بەلگىلىمىلىرىدە ماڭسا ــ ئەمدى ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. \v 16 ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرگەن ــ ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. \m \v 17 بىراق ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يولى بولسا ھەممىگە باراۋەر ئەمەس.\x + \xo 33:17 \xt ئ‍ەز. 18‏:25، 29؛ 33‏:20\x* \m \v 18 ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى سادىر قىلسا، ئۇ بۇنىڭدا ئۆلىدۇ. \v 19 رەزىل ئادەم ئۆز رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈرسە، بۇ ئىشلاردىن ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. \v 20 لېكىن سىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم چىقىرىمەن!\f □ \fr 33:20 \ft \+bd «ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم چىقىرىمەن!»\+bd* ــ بۇ مۇھىم بابتىكى 1-20 ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \fp \fp 21:33-1:32دىكى بېشارەتلەر 29-31بابلاردىكى مىسىر توغرۇلۇق بېشارەتلەردىن خېلى بۇرۇن بېرىلگەن. لېكىن بېشارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىسىر توغرۇلۇق بولغاچقا، بۇرۇن بېرىلگەن بېشارەتلەرمۇ 29-31-بابلاردىكى بېشارەتلەرگە ئۇلاپ بايان قىلىنغان.\f* \m \v 21 ۋە شۇنداق بولدىكى، سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، يېرۇسالېمدىن قاچقان بىرسى يېنىمغا كېلىپ: «شەھەر بۆسۈلدى!» ــ دېدى.\f □ \fr 33:21 \ft \+bd «سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى... »\+bd* ــ بۇ ۋاقىت شەھەرنىڭ ئىشغال بولغىنىدىن 18 ئاي كېيىنكى ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. يېرۇسالېمدىن بابىلغا ماڭىدىغان يول ئادەتتە 4 ئايلىق بولاتتى («ئەزرا 9:7نى كۆرۈڭ). تېكىستنىڭ بەزى كۆچۈرمىلىرىدە «ئون بىرىنچى يىل» دېيىلىدۇ؛ بىراق بىر قىسىم ئالىملار «ئون ئىككىنچى يىل» دېيىش توغرا دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى يەنە ئىمكانىيەت باركى، ئىسرائىل ۋە بابىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كالېندارنى ئىشلەتكەن. بىز بۇ پىكىرگە مايىلمىز.\f*  \x + \xo 33:21 \xt 2پاد. 25؛ ئ‍ەز. 24‏:26\x* \m \v 22 ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم. \f □ \fr 33:22 \ft \+bd «ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم»\+bd* ــ بۇ گاچىلىق تەخمىنەن ئالتە يىل ئىلگىرى باشلانغان (26:3-ئايەتنى ئىزاھىتى بىلەن ۋە 32:24-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 ئىسرائىل زېمىنىدا قالغانلار توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 23 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 24 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدىكى خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار: «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى» ــ دەپ ئېيتىۋاتىدۇ.\f □ \fr 33:24 \ft \+bd «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى»\+bd* ــ بابىلدىكىلەر قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرگەن ياكى سۈرگۈن قىلغانىدى. زېمىندا قالدۇرۇلغان ئاز قىسىم ئادەملەر (تېخى ھېچ توۋا قىلمىغان) تەكەببۇرلىشىپ شۇنداق سۆز قىلىدۇ.\f* \m \v 25 شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر گۆشنى قان بىلەن يەيسىلەر؛ سىلەر ئۆز مەبۇدلىرىڭلارنى باش كۆتۈرۈپ ئىزدەيسىلەر؛ سىلەر قان تۆكۈۋاتىسىلەر؛ ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟ \x + \xo 33:25 \xt يار. 9‏:4؛ لاۋ. 3‏:17\x* \v 26 سىلەر قىلىچىڭلارغا تايىنىسىلەر، سىلەر يىرگىنچلىك ئىشلارنى چىقىرىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالىغا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟». \m \v 27 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ؛ دالادا قالغاننى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەۋېتىشكە تاپشۇرىمەن؛ ئىستىھكاملار ۋە غارلاردا تۇرغانلارمۇ ۋابا كېسىلىدىن ئۆلىدۇ. \v 28 مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ۋەيرانە بولىدۇكى، ئۇلاردىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولمايدۇ. \f □ \fr 33:28 \ft \+bd «مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن»\+bd* ــ ياكى «مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە (ئادەمنى قورقۇتقۇچى) بىر ۋەھشەت قىلىمەن».\f* \v 29 ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». \b \m \s1 ئەزىكىيال پەيغەمبەر ھەقىقەتەن قارشى ئېلىندىمۇ؟ \m \v 30 ــ ئەمدى سەن بولساڭ، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر ھەردائىم سېنى ئاغزىغا ئېلىپ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىڭ يېنىدا ۋە دەرۋازىلاردا سۆزلەپ بىر-بىرىگە ھەم ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىغا سەن توغرۇلۇق: «قېنى بېرىپ، پەرۋەردىگاردىن نېمە سۆز باركىن، ئاڭلاپ كېلەيلى!» ــ دەيدۇ. \m \v 31 ئۇلار جامائەت سۈپىتىدە يېنىڭغا كېلىپ، مېنىڭ خەلقىمنىڭ سۈپىتىدە ئالدىڭدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ؛ \f □ \fr 33:31 \ft \+bd «ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاغزىدا ئېيتقان شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ».\f*  \x + \xo 33:31 \xt ئ‍ەز. 14‏:1-3؛ 20‏:1-3\x* \v 32 مانا، سەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت يېقىملىق ئاۋاز بىلەن،سازلىرى ئوبدان تەڭشىلىپ ئېيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىسەن، خالاس؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ. \v 33 ئەمدى بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا (ئۇ بەرھەق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!) ئۇلار بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ».\f □ \fr 33:33 \ft \+bd «ئەمدى بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا ... ئۇلار بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، يېرۇسالېمدىن قاچقان ئادەم كېلىپ شەھەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتىشى بىلەن، خەلق ئەزاكىيالنى ئۇلۇغ پەيغەمبەر دەپ بىلىپ يەتتى. ئەپسۇس، ئۇلار ئەزاكىيالنىڭ سۆزلىرىنى پەقەت قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلاپ، ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلمىغان. شۇڭا 24-29-ئايەتتە ئالدىن ئېيتىلغان بالايىئاپەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلۈشى كېرەك.\f* \b \b \m \c 34 \s1 ئۆتمۈشتىكى ۋاپاسىز پادىچى-باققۇچىلار ۋە كېلەچەكتە بولىدىغان «ياخشى پادىچى» \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 34:2 \xt يەر. 23‏:1\x* \v 3 سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر. \v 4 ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر.\x + \xo 34:4 \xt 1پېت. 5‏:3\x* \m \v 5 ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى. \v 6 مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى. \m \v 7 شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ \m \v 8 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ. \v 9 ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! \m \v 10 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن. \m \v 11 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛ \v 12 پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن. \m \v 13 مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛ \x + \xo 34:13 \xt ئ‍ەز. 28‏:25\x* \v 14 مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ. \v 15 مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 16 ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن. \m \v 17 ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. \f □ \fr 34:17 \ft \+bd «ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، ... ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن»\+bd* ــ ئەزاكىيال «پادىچىلار»نى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئەيىبلەپ چىقتى. ئۇ ھازىر خەلق ئارىسىدىكى ئاجىز-نامراتلارنى بوزەك قىلىپ كەلگەن بايلار ۋە مەنسەپدارلار (سەمرىگەن ۋە كۈچلۈك قويلار)نى ئەيىبلەشكە باشلايدۇ.\f* \v 18 ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ \v 19 شۇڭا مېنىڭ قويلىرىمغا سىلەرنىڭ ئاياغلىرىڭلار چەيلىۋەتكەننى يېيىشتىن، ئاياغلىرىڭلار دەسسەپ لېيىتىۋېتكەننى ئىچىشتىن باشقا ئامال يوق. \m \v 20 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. \v 21 چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر، \v 22 ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. \v 23 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛ \x + \xo 34:23 \xt يەش. 40‏:11؛ 42‏:1؛ 50‏:10؛ 52‏:13؛ 53‏:11؛ يەر. 30‏:9؛ يـۇھ. 10‏:11\x* \v 24 ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. \f □ \fr 34:24 \ft \+bd «مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ»\+bd* ــ 11-ئايەتتە پەرۋەردىگار: «ئۆزۈم قويلىرىمغا پادىچى بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەردە ئۇ «قۇلۇم داۋۇت»نى ئۇلارغا پادىچى بولۇشقا تىكلەيمەن، دەيدۇ. داۋۇتتىن ئۇلۇغ، داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان مەسىھدە خۇدانىڭ بۇ ئىككى ۋەدىسى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھەم ئاشۇرۇلىدۇ. «يۇھ.» 10-باب، جۈملىدىن مەسىھنىڭ «مەن ئۆزۈم ياخشى پادىچىدۇرمەن» دېگەن سۆزىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 34:24 \xt يەش. 55‏:4\x* \v 25 مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان ئەھدىنى تۈزۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىندىن تۈگىتىمەن؛ ئۇلار بىخەتەر بولۇپ جاڭگالدا تۇرىدۇ، ئورمانلىقلاردا قونۇپ ئۇخلايدۇ. \v 26 مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن؛ يامغۇر-يېغىنلارنى ئۆز پەسلىدە ياغدۇرىمەن؛ بۇلار بەرىكەتلىك يامغۇرلار بولىدۇ.\f □ \fr 34:26 \ft \+bd «مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن»\+bd* ــ «ئېگىزلىكىم» (ياكى «دۆڭلۈكۈم») زىئون تېغىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 27 دالادىكى دەرەخلەر مېۋىلىرىنى، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر تۇرىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇق-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇللۇققا تۇتقانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. \v 28 ئۇلار يەنە ئەللەرگە ئوۋ بولمايدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار يەنە ئۇلارنى يەۋەتمەيدۇ؛ ئۇلار بىخەتەر تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ. \v 29 مەن ئۇلار ئۈچۈن داڭقى چىققان ئالاھىدە بىر بوستانلىق جاينى تەمىنلەيمەن؛ ئۇلار قايتىدىن زېمىندا ئاچارچىلىقتا يىگلەپ قالمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئەللەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولمايدۇ. \x + \xo 34:29 \xt ئ‍ەز. 36‏:6-38\x* \v 30 ئاندىن ئۇلار مەنكى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنىڭ خەلقىم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 31 ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى مېنىڭ قويلىرىم، مېنىڭ چىمەنزارىمدىكى قويلىرىم، ئىنسانلاردۇرسىلەر، خالاس؛ مەن بولسام سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\x + \xo 34:31 \xt يـۇھ. 10‏:11\x* \b \b \m \c 35 \s1 ئېدوم، يەنى سېئىر توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ \f □ \fr 35:2 \ft \+bd «يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ»\+bd* ــ «سېئىر» ئېدومنىڭ باشقا بىر ئىسمى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بەلكىم باركى، ياقۇپ ۋە ئېدوم ئۇكا-ئاكا بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان. گەرچە ئېدوم ياقۇپنى كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان ئېدومىيلار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلغا كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن.\f* \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، ئى سېئىر تېغى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنى بىر ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن. \v 4 مەن شەھەرلىرىڭنى خارابە قىلىۋېتىمەن، ۋە سەن ۋەيرانە بولىسەن؛ ئاندىن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. \v 5 چۈنكى سەن مەڭگۈگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنسەن، ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، ئۇلارنى قىلىچ كۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، \x + \xo 35:5 \xt ئ‍ەز. 25‏:15\x* \v 6 شۇڭا مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن ساڭا قان تۆكۈلۈشنى بېكىتتىم؛ قان سېنى قوغلايدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئەمدى قان سېنى قوغلاپ يۈرىدۇ. \v 7 مەن سېئىر تېغىنى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ ئۆتكۈچى ھەم ئۇنىڭغا قايتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. \v 8 مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىرى بىلەن تولدۇرىمەن؛ سېنىڭ ئېگىزلىكلىرىڭدە، سېنىڭ جىلغىلىرىڭدا، سېنىڭ بارلىق جىرالىرىڭدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ. \v 9 مەن سېنى مەڭگۈگە ۋەيرانە قىلىمەن؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئادەمزاتسىز بولىدۇ؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. \m \v 10 ــ چۈنكى سەن: «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگە بولىمىز» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن ــ گەرچە مەن پەرۋەردىگار شۇ يەردە بولغان بولساممۇ ــ، \f □ \fr 35:10 \ft \+bd «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ»\+bd* ــ «ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت» يەھۇدا ۋە ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 35:10 \xt زەب. 83‏:12\x* \v 11 ئەمدى مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنىڭ نەپرىتىڭدىن چىققان ئاچچىقىڭ بويىچە ۋە ھەسىتىڭ بويىچە ساڭا مۇئامىلە قىلىمەن؛ مەن ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىشىم بىلەن، مەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىسرائىل تاغلىرىغا قاراپ: «ئۇلار ۋەيران بولدى، ئۇلار بىزگە يەم بولۇشقا تەقدىم قىلىندى» دېگەن بارلىق ھاقارەتلىرىڭنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاڭلىغىنىمنى سەنلەر تونۇپ يېتىسىلەر. \v 13 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم. \v 14 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ پۈتكۈل يەر يۈزى شادلىنىپ كەتكىنىدە، مەن سېنى ۋەيرانە قىلىمەن. \m \v 15 ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مىراسى ۋەيران قىلىنغاندا بۇنىڭدىن سەن شادلانغىنىڭدەك، مەنمۇ ساڭا شۇنداق قىلىمەن؛ سەنمۇ، ئى سېئىر تېغى ۋە بارلىق ئېدوم ــ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ؛ ۋە \add ئېدومىيلار\add* مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». \b \b \m \c 36 \s1 خۇدا ئۆزىنىڭ نامى ئۈچۈن ئىسرائىلنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ \m \v 1 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل تاغلىرىغا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئىسرائىل تاغلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ \x + \xo 36:1 \xt ئ‍ەز. 6‏:2\x* \m \v 2 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دۈشمەننىڭ سىلەرگە قاراپ: «ۋاھ! مەڭگۈ يۇقىرى جايلار بىزگە تەئەللۇق بولدى!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، \x + \xo 36:2 \xt ئ‍ەز. 35‏:10\x* \v 3 شۇڭا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىپ، ئەللەردىن قالغانلىرىغا تەۋە قىلىشقا ھەرياندىن سىلەرنى ئەزگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە سىلەر ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تۆھمەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن، \f □ \fr 36:3 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىپ، ئەللەردىن قالغانلىرىغا تەۋە قىلىشقا ھەرياندىن سىلەرنى ئەزگەنلىكى تۈپەيلىدىن،...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇلار» ۋە «(يات) ئەللەردىن‭ ‬قالغانلار» بەلكىم (1) «بابىل» ۋە «باشقا ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئاخىرقى زاماندىكى «دەججال ۋە ئۇنىڭغا بېقىنغان ئەللەر»نى ۋە ئۇلاردىن «باشقا ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ. بابىل ئىسرائىلنى ئىشغال قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۇنى تاشلاپ كەتتى؛ ئەتراپىدىكى ئەللەر قالغان خەلقنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى تېخىمۇ كۆپرەك بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.\f* \v 4 ئەمدى شۇڭا، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار ئەللەردىن قالغانلىرىغا ئولجا ھەم مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالغان تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا، ۋەيران بولغان خارابىلەر ۋە تاشلىۋېتىلگەن شەھەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \v 5 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خۇشال بولۇشۇپ قەلبىدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىكى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولۇشقا بېكىتىپ، ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋالايلى دېگەن ئەللەردىن قالغانلىرىغا ۋە ئېدومدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەرھەق، مەن \add ئۆز خەلقىمگە\add* بولغان قىزغىنلىقىمدىن چىققان ئاچچىق ئوتىدا سۆز قىلدىم: ــ \m \v 6 ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ، تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز \add خەلقىمگە بولغان\add* قىزغىنلىقىمدىن قەھرىم بىلەن سۆز قىلدىم ــ چۈنكى سىلەر ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى يېگەنسىلەر.\x + \xo 36:6 \xt ئ‍ەز. 34‏:29\x* \m \v 7 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، بەرھەق، ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەر ئۆزىنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئۆزى ئىشىتىدۇ. \v 8 لېكىن سىلەر، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، شاخلىنىسىلەر، خەلقىم ئىسرائىلغا مېۋە بېرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ. \m \v 9 چۈنكى مانا، مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن سىلەرگە قارايمەن، سىلەر يۇمشىتىلىسىلەر ھەم تېرىلىسىلەر. \v 10 ۋە مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەملەرنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆپەيتىمەن؛ شەھەرلەر ئاھالىلىك بولىدۇ، خارابىلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. \v 11 مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەم ھەم ھايۋانلارنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئاۋۇپ نەسىل كۆرىدۇ؛ مەن ئۆتكەن زامانلاردىكىدەك سىلەرنى ئولتۇراقلىق قىلىمەن؛ بەرھەق، ھالىڭلارنى ئەسلىدىكىدىن ئەۋزەل قىلىمەن؛ سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. \m \v 12 مەن ئۈستۈڭلەرگە ئادەملەرنى، يەنى خەلقىم ئىسرائىلنى ماڭدۇرىمەن؛ ئۇلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مىراسى بولىسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلمايسىلەر. \v 13 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلەرگە: «سىلەر ئادەملەرنى يەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلغانسىلەر!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، \v 14 ئەمدى سىلەر يەنە ئادەملەرنى يېمەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلىرىدىن يەنە جۇدا قىلمايسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 15 ــ مەن سىلەرگە يەنە ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلاتقۇزمايمەن؛ سىلەر ئەللەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى يەنە كۆتۈرمەيسىلەر، سىلەر ئۆز ئېلىڭلارنى قايتىدىن يىقىتمايسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 17 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ئۆز زېمىنىدا تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار ئۆز يولى ھەم قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنى بۇلغىغان؛ مېنىڭ ئالدىمدا ئۇلارنىڭ يولى ئاي كۆرگەن ئايالنىڭ ناپاكلىقىغا ئوخشاش. \v 18 شۇڭا زېمىنغا تۆككەن قان ئۈچۈن، زېمىننى مەبۇدلىرى بىلەن بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكتۇم؛ \v 19 مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتتىم، ئۇلار مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىلىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردىم. \m \v 20 ئۇلار بارىدىغان ھەرقايسى ئەللەرگە كەلگەندە، ئۇلار توغرىسىدا: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ زېمىنىدىن چىققان!» ــ دېيىلگەندە، ئۇلار يەنىلا مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىغان؛ \x + \xo 36:20 \xt يەش. 52‏:5؛ رىم. 2‏:24\x* \v 21 بىراق مەن ئىسرائىل جەمەتى بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلدۈم. \v 22 شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بۇ ئىشنى سىلەرنى دەپ ئەمەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى، بەلكى سىلەر بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سىلەر بۇلغىغان ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قىلىمەن. \v 23 مەن ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان، ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك نامىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ نامىمنى دەل سىلەر ئۇلار ئارىسىدا بۇلغىغان؛ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پاك-مۇقەددەس كۆرسەتكىنىمدە، ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 24 مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يىغىپ، سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرىمەن. \m \v 25 ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن. \v 26 مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن. \f □ \fr 36:26 \ft \+bd «...مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن»\+bd* ــ ئىبارنىي تىلىدا بۇ سۆز «...گۆش يۈرەكنى ئاتا قىلىمەن» دېيىلگەن.\f*  \x + \xo 36:26 \xt يەر. 32‏:39؛ ئ‍ەز. 11‏:19\x* \v 27 مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛ \v 28 سىلەر مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر؛ مېنىڭ قوۋمىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. \v 29 مەن سىلەرنى بارلىق پاسكىنىچىلىكتىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن بۇغداينى ئاۋۇن بولۇشقا بۇيرۇيمەن؛ ئۈستۈڭلەرگە ھېچ ئاچارچىلىقنى قويمايمەن؛ \x + \xo 36:29 \xt ئ‍ەز. 34‏:29\x* \v 30 مەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە ئېتىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئاۋۇتىمەنكى، سىلەر ئاچارچىلىق تۈپەيلدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە بولمايسىلەر. \v 31 سىلەر رەزىل يوللىرىڭلار ۋە ناچار قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەپ، قەبىھلىكلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلغانلىرىڭلار ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن يىرگىنىسىلەر. \x + \xo 36:31 \xt ئ‍ەز. 6‏:9؛ 20‏:43؛ 16‏:61،63\x* \v 32 سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، بۇ ئىشنى قىلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۆز يوللىرىڭلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولۇڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى.\f □ \fr 36:32 \ft \+bd «بۇ ئىشنى قىلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس،...»\+bd* ــ دېمەك، بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى ئۈچۈن قىلىدۇ.\f* \m \v 33 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قەبىھلىكىڭلاردىن پاكلىغان كۈنىدە، مەن شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىمەن، خارابە قالغان جايلارمۇ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. \v 34 ۋەيران قىلىنغان زېمىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەيرانە كۆرۈنسىمۇ، ئۇ قايتىدىن تېرىلىدۇ. \v 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بۇ ۋەيران قىلىنغان زېمىن خۇددى ئېرەم باغچىسىدەك بولدى؛ خارابە، ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەر ھازىر مۇستەھكەملەندى، ئاھالىلىك بولدى» ــ دەيدۇ.\x + \xo 36:35 \xt يەش. 51‏:3؛ ئ‍ەز. 28‏:13\x* \m \v 36 ۋە ئەتراپىدا قالغان ئەللەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇزۇلغان جايلارنى قۇرغۇچى ھەم ۋەيرانە قىلىنغان يەرلەرنى قايتىدىن تېرىغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن.\x + \xo 36:36 \xt ئ‍ەز. 17‏:24؛ 22‏:14؛ 37‏:14\x* \m \v 37 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛ \v 38 مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان قۇربانلىق قوي پادىسىدەك، بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملىرىغا بېغىشلانغان قوي پادىسى يېرۇسالېمغا تولدۇرۇلغاندەك، خارابە بولغان شەھەرلەر قايتىدىن ئادەم پادىلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. \b \b \m \c 37 \s1 قۇرۇق سۆڭەكلەرگە تولغان جىلغا ــ ئىسرائىلنىڭ تىرىلىشى \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى. \f □ \fr 37:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ،..»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار مېنى روھ بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ،...». دېمەك، پەرۋەردىگار ئۆز روھى بىلەن پەيغەمبەرنى كۆتۈردى.\f* \v 2 ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا \add سۆڭەكلەر\add* ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى. \m \v 3 ئۇ مەندىن: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، ــ دېدىم. \m \v 4 ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! \v 5 رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر. \f □ \fr 37:5 \ft \+bd «مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «نەپەس» بىر سۆز.\f* \v 6 مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر». \m \v 7 شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى. \m \v 8 مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى. \m \v 9 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» ــ دېدى.\f □ \fr 37:9 \ft \+bd «روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ» (ياكى «روھ-نەپەس») ۋە «شامال» بىر سۆز. \fp «تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر» ئىبرانىي تىلىدا «تۆت تەرەپتىكى شامالدىن كەيلگەيسىلەر...»\f* \m \v 10 شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى ــ بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. \m \v 11 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمەتىدۇر. مانا، ئۇلار: «بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى؛ بىز تۈگەشتۇق!» ــ دەيدۇ. \m \v 12 شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛ \v 13 مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. \v 14 ۋە مەن ئۆز روھىمنى سىلەرگە كىرگۈزىمەن، سىلەر ھايات بولىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزىمەن؛ سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنى شۇنداق سۆزنى قىلىپ، شۇنى ئادا قىلدى، دەپ بىلىپ يېتىسىلەر». \b \m \s1 ئىككى تاياقنىڭ بىر بولۇشى توغرۇلۇق بېشارەت \m \v 15 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 16 ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ يەنە بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەفرائىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ \v 17 ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قوي؛ ئۇلار قولۇڭدا بىر بولسۇن. \m \v 18 خەلقىمدىكىلەر سەندىن: «بۇ ئىشلار بىلەن نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بىزگە دەپ بەرمەمسەن؟» دەپ سورىسا، \v 19 ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئەفرائىمنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ قولى تۇتقان يۈسۈپنىڭ تايىقىنى ئېلىپ، ئۇنى يەھۇدانىڭ تايىقىغا قوشۇپ ئۇلاپ، ئۇلارنى بىرلا تاياق قىلىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ قولۇمدا بىر تاياق بولىدۇ. \m \v 20 سەن يازغان تاياقلارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قولۇڭدا تۇتۇپ ئۇلارغا شۇنداق دېگىن: ــ \m \v 21 «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن. \v 22 مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ. \x + \xo 37:22 \xt يـۇھ. 10‏:16\x* \v 23 ئۇلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى، لەنەتلىك ئىشلىرى ياكى ئاسىيلىقلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى بىلەن ھېچ بۇلغىمايدۇ؛ مەن ئۇلارنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پاكلاندۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. \v 24 ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. \x + \xo 37:24 \xt يەش. 40‏:11؛ يەر. 30‏:9؛ ئ‍ەز. 34‏:23\x* \v 25 ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ. \f □ \fr 37:25 \ft \+bd «مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدە ئىككى مۇمكىنچىلىك بار: ــ (1) خۇدا داۋۇت پادىشاھنى تىرىلدۈرۈپ ئۇلارغا پادىشاھ سۈپىتىدە تىكلەيدۇ. (2) مۇشۇ سۆزلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (34-بابنى كۆرۈڭ). بىزنىڭچە ھەر ئىككىسى توغرىدۇر. شۇ چاغدا خۇدانىڭ سەلتەنىتى يەر يۈزىگە كەلگەندە، داۋۇت پەيغەمبەر يەر يۈزىدە تۇرۇپ، ئىسرائىل ۋە ئالەمنىڭ ھەقىقىي پادىشاھى ۋە پادىچىسى بولغان مەسىھكە ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 26 مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنى جايىدا ماكانلاشتۇرۇپ ئاۋۇتىمەن؛ ۋە مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۇلار ئارىسىغا مەڭگۈگە تىكلەيمەن. \x + \xo 37:26 \xt زەب. 89‏:3-4؛ ئ‍ەز. 34‏:25؛ 2كور. 6‏:16\x* \v 27 مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. \f □ \fr 37:27 \ft \+bd «مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ بېشارەت 40-48-بابلاردا تەپسىلىي ھالدا ئېچىلىدۇ.\f*  \x + \xo 37:27 \xt ئ‍ەز. 11‏:20؛ 14‏:11\x* \v 28 مېنىڭ پاك-مۇقەددەس جايىم ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تىكلەنگەندە، ئەمدى ئەللەر ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». \b \b \m \c 38 \s1 ئاخىرقى زامانلار ــ «گوگ»نى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت \m \v 1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ \m \v 2 ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىكى روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى گوگقا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ \f □ \fr 38:2 \ft \+bd «يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىكى روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى گوگقا قارىتىپ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىن بولغان مەشەك ۋە تۇبالنىڭ كاتتىۋاش شاھزادىسى بولغان گوگقا قارىتىپ...». مەشەك ۋە تۇبال شۇ دەۋرلەردە ھازىرقى تۈركىيەدە تۇرغان ئىككى قەبىلە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى رۇسىيەدىكى «موسكۋا» ۋە «توبولسك» بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئالىملار «روش»نى ھازىرقى «رۇسىيە» بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 38:2 \xt ۋەھ. 20‏:8\x* \m \v 3 رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ \v 4 مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، ئېڭىكىڭگە ئىلمەكلەرنى سېلىپ، سەن ۋە پۈتۈن قوشۇنۇڭنى ــ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرگەن، قىلىچ تۇتقان توپ-توپ كىشىلەرنى جەڭگە چىقىرىمەن؛ \x + \xo 38:4 \xt ئ‍ەز. 29‏:4؛ 39‏:2\x* \v 5 پارس، ئېفىئوپىيە ۋە پۇت، ھەممىسى قالقان-دۇبۇلغا بىلەن قوراللىنىدۇ \f □ \fr 38:5 \ft \+bd «پۇت»\+bd* ــ ھازىرقى «لىۋىيە» («لىبيا»).\f* \v 6 ــ گومېر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن كەلگەن تورگاماھ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، بۇ كۆپ ئەللەر ساڭا ھەمراھ بولۇپ بىللە بولىدۇ. \f □ \fr 38:6 \ft \+bd «گومېر»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «گومېر»نى ھازىرقى «گېرمانىيە» بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارايدۇ. «تورگاماھ»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىر نېمە دېيىش تەس، بىراق پەلەستىن ياكى بابىلغا نىسبەتەن «شىمالىي ئەڭ قەرى» بولغان جاي سىبىرىيەدۇر.\f* \v 7 ئۆزۈڭنى تەييارلا؛ سەن ۋە ساڭا يىغىلغان بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىڭ تەييارلانغان پېتىدا بول؛ سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىسەن.\f □ \fr 38:7 \ft \+bd «سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۇلارغا مۇھاپىزەتچى بولىسەن».\f* \m \v 8 كۆپ كۈنلەردىن كېيىن سەن \add جەڭگە\add* چاقىرىلىسەن؛ سەن ئاخىرقى يىللاردا قىلىچتىن قۇتقۇزۇلغان، كۆپ ئەللەردىن يىغىلغان خەلقنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇزۇندىن بېرى ۋەيران قېلىنىپ كەلگەن ئىسرائىل تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن؛ ئۇنىڭ خەلقى ئەللەردىن يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامان-ئېسەن تۇرىۋېرىدۇ؛ \v 9 سەن، بارلىق توپ ئادەملىرىڭ ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر بىلەن بىللە ئالغا بېسىپ، بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن؛ سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك بولىسەن».\x + \xo 38:9 \xt ئ‍ەز. 30‏:18\x* \m \v 10 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، كۆڭلۈڭگە باشقىچە خىياللار كىرىپ، سەن رەزىل ھىيلە-نەيرەڭنى ئويلاپ چىقىسەن؛ \v 11 سەن: «مەن سېپىلسىز يېزا-كەنتلەر جايلاشقان زېمىنغا بېسىپ كىرىمەن؛ مەن ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتقان بىر خەلققە يېقىنلىشىمەن ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېپىلسىز، تاقاقسىز ۋە دەرۋازىسىز تۇرۇۋاتىدۇ»، دەيسەن، ــ \v 12 «شۇنىڭ بىلەن ئولجىلارنى ئېلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىمەن؛ قولۇمنى ئەسلىدە ۋەيران بولۇپ ئەمدىلىكتە ماكانلىق بولغان جايلارغا، ئەللەردىن يىغىلغان، مال-دۇنياغا ئىگە بولغان، دۇنيانىڭ كىندىكىدە ياشاۋاتقان خەلققە قارشى قىلىمەن». \m \v 13 شۇ تاپتا شېبا، دېدان، تارشىشتىكى سودىگەرلەر بارلىق ياش شىرلىرى بىلەن سەندىن: «سەن ئولجا ئېلىشقا كەلدىڭمۇ؟ سەن توپ-توپ ئادەملىرىڭنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېلىشقا ــ ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ كېتىشكە، مال-دۇنيانى ئېلىپ كېتىشكە، زور بىر ئولجىغا ئېرىشىۋېلىشقا يىغدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ.\f □ \fr 38:13 \ft \+bd «شېبا، دېدان، تارشىش...»\+bd* ــ «شېبا» ۋە «دېدان» ــ ئەرەب مىللەتلىرى ئىدى. «تارشىش» ــ چوڭ بىر سودا شەھىرى (يۇقىرىقى 12:27-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). \fp «ياش شىرلىرى» ــ بۇلارغا ئوخشايدىغان، ئۇلار بىلەن سودا قىلىدىغان ئەللەر. ئايەتنىڭ مەنىسى بەلكىم گوگ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا ئۇلارمۇ ئەھۋالدىن پايدىلانماقچى بولىدۇ.\f* \m \v 14 شۇڭا بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگقا شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىل ئامان-ئېسەن بولىدىغان كۈنىنى، سەن بىلىپ يەتمەمسەن؟ \v 15 سەن ئۆز جايىڭدىن، يەنى شىمالنىڭ ئەڭ چەت جايىدىن چىقىسەن، سەن ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر، ھەممىسى ئاتلىق بولۇپ، توپ-توپ ئادەملەر، چوڭ قوشۇن بولىسەن. \v 16 سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك خەلقىم ئىسرائىلغا قارشى چىقىسەن ــ بۇ ئاخىرقى زامانلاردا بولىدۇ ــ مەن سېنى ئۆز زېمىنىمغا قارشىلىشىشقا چىقىرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئارقىلىق، ئى گوگ، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ». \m \v 17 ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مەن قەدىمكى زامانلاردا قۇللىرىم بولغان ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېشارەت قىلغان بىرسى سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار شۇ كۈنلەردە، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بېرى، مېنىڭ سېنى خەلقىمگە قارشىلىشىشقا چىقىرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 38:17 \ft \+bd «مەن قەدىمكى زامانلاردا قۇللىرىم بولغان ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېشارەت قىلغان بىرسى سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار شۇ كۈنلەردە، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بېرى، مېنىڭ سېنى خەلقىمگە قارشىلىشىشقا چىقىرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئۈستىدە بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \m \v 18 ۋە شۇ كۈنى، يەنى گوگ ئىسرائىل زېمىنىغا قارشى چىققان كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ غەزىپىم بىلەن مېنىڭ قەھرىم ئۆرلەپ چىقىدۇ. \v 19 مېنىڭ \add ئۆز خەلقىمگە\add* بولغان قىزغىنلىقىمدىن، غەزەپ بىلەن شۇنداق سۆز قىلغانمەنكى، ئىسرائىل زېمىنىدا زور يەر تەۋرەش بولىدۇ؛ \x + \xo 38:19 \xt ئ‍ەز. 36‏:5، 6\x* \v 20 شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى ھايۋانلار، يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە يەر يۈزىدە تۇرغان بارلىق ئىنسانلار مېنىڭ يۈزۈم ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ تاغلار ئۆرۈلۈپ، تىك يارلار غۇلاپ كېتىدۇ، بارلىق تاملار يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. \m \v 21 مەن بارلىق تاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا بىر قىلىچ چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرسىنىڭ قىلىچى ئۆز قېرىندىشىگە قارشى چىقىدۇ. \v 22 مەن ۋابا كېسىلى ۋە قان تۆكۈش بىلەن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاشقا كىرىشىمەن؛ مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىگە دەھشەتلىك يامغۇر، زور مۆلدۈر تاشلىرى، ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرىمەن؛ \v 23 مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». \b \b \m \c 39 \s1 گوگ ۋە ماگوگ توغرۇلۇق بېشارەتنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرى \m \v 1 «ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ \v 2 مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، يېتكىلەپ، سېنى شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن چىقىرىمەن، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلدۇرىمەن؛ \x + \xo 39:2 \xt ئ‍ەز. 38‏:4\x* \v 3 مەن ئوقيايىڭنى سول قولۇڭدىن ئۇرۇپ تاشلىغۇزىۋېتىمەن، ئوقلىرىڭنى ئوڭ قولۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن؛ \v 4 سەن ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىسەن؛ سەن ۋە سېنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىڭ، ساڭا ھەمراھ بولغان ئەللەر يىقىلىسىلەر؛ مەن سېنى بارلىق يىرتقۇچ ئۇچار-قاناتلارغا گۆش، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوۋ بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. \x + \xo 39:4 \xt ئ‍ەز. 33‏:27\x* \v 5 سەن دالادا يىقىلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 6 مەن ماگوگ ئۈستىگە ۋە دېڭىز بويىدا ئامان-ئېسەن تۇرغانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. \v 7 مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى خەلقىم ئىسرائىل ئارىسىدا تونۇتىمەن؛ پاك-مۇقەددەس نامىمنىڭ قايتىدىن بۇلغىنىشقا قەتئىي يول قويمايمەن؛ ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا تۇرغان مۇقەددەس بولغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. \m \v 8 مانا، ئۇ كېلىدۇ! بۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بۇ دەل مەن ئېيتقان كۈنىدۇر. \v 9 ئىسرائىل شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار چىقىپ قوراللارنى، جۈملىدىن سىپار-قالقانلار، ئوقيالار، توقماقلار ۋە نەيزىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوت قالايدۇ ــ ئۇلار بۇلار بىلەن يەتتە يىل ئوت قالايدۇ. \v 10 دالادىن ھېچ ئوتۇن ئېلىنمايدۇ، ئورمانلاردىن ھېچ ياغاچ كېسىلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار قوراللارنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئولجا تۇتقانلارنى ئولجا تۇتىدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 11 ۋە شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىل زېمىنىدىن، يەنى دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ جىلغىسىدىن گوگقا بىر يەرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇننى بېرىمەن؛ بۇ يەرلىك بولسا ئۆتكۈچىلەرنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە گوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىنى كۆمىدۇ؛ ئۇ «ھامون-گوگ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. \f □ \fr 39:11 \ft \+bd «ھامون-گوگ»\+bd* ــ «گوگنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى» دېگەنلىك.\f* \v 12 ئىسرائىل جەمەتى زېمىنىنى ھالال قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى يەتتە ئاي كۆمىدۇ؛ \v 13 زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۇلارنى يەرلىككە قويىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئۇلۇغلانغان مۇشۇ كۈنىدە بۇ ئىش ئۇلارغا شەرەپ بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \m \v 14 ئۇلار بىرنەچچە ئادەمنى زېمىننى داۋاملىق ئارىلاپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زېمىن يۈزىدە قالغان جەسەتلىرىنى كۆمۈشتەك ئالاھىدە ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ؛ ئۇلار شۇ يەتتە ئاي تۈگىگەندە، ئاندىن جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى باشلايدۇ. \f □ \fr 39:14 \ft \+bd «ئۇلار بىرنەچچە ئادەمنى زېمىننى داۋاملىق ئارىلاپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زېمىن يۈزىدە قالغان جەسەتلىرىنى كۆمۈشتەك ئالاھىدە ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ»\+bd* ــ بۇ خىزمەتنى قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئادەمنى ئالاھىدە «ئايرىش» كېرەك بولىدۇ ــ چۈنكى جەسەتلەرگە تېگىش ئادەمنى «ناپاك» قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىرىشكە لاياقەتسىز قىلىدۇ.\f* \v 15 بۇ «زېمىندىن ئۆتكۈچىلەر» ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر بىرسى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بىر بەلگە تىكلەيدۇ؛ «ئىزدەپ كۆمگۈچىلەر» ئۇنى ھامون-گوگ جىلغىسىغا دەپنە قىلغۇچە بەلگە تۇرىدۇ \v 16 (\add جىلغىدا\add* «ھاموناھ» دەپ ئاتالغان بىر شەھەر بولىدۇ). ئۇلار شۇ يول بىلەن زېمىننى پاكلايدۇ».\f □ \fr 39:16 \ft \+bd «ھاموناھ»\+bd* ــ «زور بىر توپ ئادەملەر» دېگەنلىك.\f* \m \v 17 ــ «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا مۇنداق دېگىن: «يىغىلىشىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمغا، يەنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە قىلىنغان چوڭ قۇربانلىققا ھەرياندىن جەم بولۇڭلار! سىلەر شۇ يەردە گۆش يەپ، قان ئىچىسىلەر. \v 18 سىلەر باتۇرلارنىڭ گۆشىنى، يەر يۈزىدىكى شاھزادىلارنىڭ قېنىنى ــ قوچقارلارنىڭ، ئۆچكىلەرنىڭ، تورپاقلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشاندىكى بوردالغان ماللاردۇر! \v 19 سىلەر مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمدىن، تويغۇچە ماي يەپ، تويغۇچە قان ئىچىسىلەر! \v 20 سىلەر داستىخىنىمدا ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىسىدىكىلەر، باتۇرلار، بارلىق جەڭچى پالۋانلار بىلەن تويۇنىسىلەر» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 21 ــ ۋە مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئەللەر ئارىسىغا كۆرسىتىمەن، بارلىق ئەللەر مېنىڭ يۈرگۈزگەن جازالىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويغان قولۇمنى كۆرىدۇ. \v 22 ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ ئىسرائىل جەمەتى مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. \m \v 23 ئەللەر ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مانا، مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يىقىلدى. \v 24 ئۇلارنىڭ پاسكىنىچىلىقى ۋە ئاسىيلىقلىرى بويىچە مەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدىم، يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇردۇم». \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن ئاخىرقى مەقسەتلىرى \m \v 25 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ھازىر ياقۇپنى سۈرگۈن بولغانلىقىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە رەھىم قىلىپ، ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن ئوتلۇق قىزغىنلىقىمنى كۆرسىتىمەن. \f □ \fr 39:25 \ft \+bd «ئۆز... ئوتلۇق قىزغىنلىقىم»\+bd* ــ ئىبارنىي تىلىدا «ئۆز... ھەسىتىم».\f* \v 26‏-27 ئۆز زېمىنىدا ئامان-ئېسەن تۇرغىنىدا، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدىغان چاغ كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئەللەردىن قايتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغقىنىمدا، ۋە كۆپ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، شۇ چاغدا ئۇلار خىجالىتىنى ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ قىلغان ئاسىيلىقىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كۆتۈرىدۇ؛ \v 28 ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا سۈرگۈن قىلدۇرغانلىقىم تۈپەيلىدىن، ۋە ئاندىن ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى شۇ يەردە قالدۇرماي ئۆز زېمىنىغا يىغقانلىقىم تۈپەيلىدىن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ \v 29 ۋە مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن قايتا ھېچ يوشۇرمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە ئۆز روھىمنى قۇيغان بولىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\x + \xo 39:29 \xt يو. 3‏:1؛ روس. 2‏:17\x* \b \b \m \c 40 \s1 يېڭى ئىبادەتخانىنى ئايان قىلىدىغان ئالامەت كۆرۈنۈش •••• سخېمىلارنى كۆرۈڭ \m \v 1 بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى \add شەھەرگە\add* ئاپاردى. \f □ \fr 40:1 \ft \+bd «بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى...پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى شەھەرگە ئاپاردى»\+bd* ــ ئەسكەرتىش: بۇ 40-44 بابلاردا تەرجىمىمىزنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئوقۇرمەنلەرگە ياردىمى بولسۇن دەپ بەزى ئايەتلەرگە سۆز قوشتۇق. ئۇلار ئەسلىدىكى تېكىستنىڭ بىر قىسمى بولمىسىمۇ، ئۇلار تېكىستنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز ئادەتتىكىدەك بۇنداق سۆزلەرنى «سۇس قىلدۇق». \+bd «بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە..»\+bd* ــ بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بىرىنچى كۆرۈنۈشتىن 19 يىل كېيىن ئىدى.\f*  \x + \xo 40:1 \xt ئ‍ەز. 33‏:21\x* \v 2 خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى. \f □ \fr 40:2 \ft \+bd «شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى»\+bd* ــ ياكى «بىر شەھەرنىڭ قارىسى تۇراتتى».\f* \v 3 ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى. \v 4 بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل». \m \v 5 ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى.\f □ \fr 40:5 \ft \+bd «ئىبادەتخانا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۆي» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «ئىبادەتخانا» «مۇقەددەسخانا» (41-باب) ۋە ئۇنىڭ ھويلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولىنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى. «شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى» ــ شۇڭا بۇ بابلاردا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئۇنىڭدىن ئۇزۇن، تەخمىنەن 53 سانتىمېتر ھېسابلىناتتى. \fp دەرۋازىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، توۋەندىكى «كېلىچەكتىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدىغان سخېمىلەرنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، بىر «خادا» ئالتە گەز ئىدى.\f* \v 6 ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى. \v 7 \add دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى\add* ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ \add ئىككى تەرىپىنىڭ\add* ئۇزۇنلۇقى \add ئايرىم-ئايرىم\add* بىر «خادا» چىقتى؛ \f □ \fr 40:7 \ft \+bd «ئويۇق ئۆي»\+bd* ــ دېمەك، ئالدىنقى تېمى يوق ئۆي. «ئويۇق ئۆي»لەرنىڭ ئالدى كارىدور (دەھلىز) بولاتتى.\f* \v 8 ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، \add ئۇزۇنلۇقى\add* بىر خادا چىقتى. \m \v 9 ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى. \m \v 10 شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى. \v 11 ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى. \f □ \fr 40:11 \ft \+bd «ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە دەرۋازىنىڭ «كىرىش ئېغىزى»نىڭ سىرتقى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋازانىڭ ئۆزى خېلى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ «كىرىش ئېغىزى»ى، دەھلىزى (كارىدورى) ۋە «دالان»ى بار ئىدى. سخېمىنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى»\+bd* ــ سىرتقى تام ۋە پەلەمپەينى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.\f* \v 12 بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى. \m \v 13 ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ \add ئارقا لېۋىدىن\add* ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ \add ئارقا لېۋىغىچە\add* يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى.\f □ \fr 40:13 \ft \+bd «بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى»\+bd* ــ بۇ يەردىكى «ئىشىك»نىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بەزى ئالىملار «بالا تام» ياكى «كۈنگۈرە» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \m \v 14 ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى. \f □ \fr 40:14 \ft \+bd «كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەر»\+bd* ــ ياكى «كىرىش ئېغىزىدىكى مۇنارلار». \+bd «ئۇلارنىڭ (تۈۋرۈكلەرنىڭ) ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى»\+bd* ــ بۇ ئىككى تۈۋرۈك ئىنتايىن ئېگىزدۇر. \fp بەزى ئالىملار ئايەتنى «ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكى «توسما تام»لىرىغا ئۇلارنىڭ ئارىلىق تاملىرىنى قوشۇپ جەمئىي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، جەمئىي بولۇپ ئاتمىش گەز ئىدى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىدۇ. بىراق (ئۇنداق بولسا) بۇ ئۆلچەم ئىككى تەرەپتىكى ئىچكى «توسما تام»لىرىنىڭ ئارىلىقلىرى بىلەن جەمئىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ قوشۇلمىسى بولاتتى. مۇنداق ئۆلچەشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟\f* \v 15 دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى. \v 16 ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى. \b \m \s1 سىرتقى ھويلا ــ سخېمىنى كۆرۈڭ \m \v 17 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان. \v 18 بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى. \v 19 ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى.\f □ \fr 40:19 \ft \+bd «تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن...»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «تۆۋەنكى» مۇشۇ يەردە «جەنۇبىي» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى تۆۋەندە «شەرقىي دەرۋازا» ۋە «شىمالىي دەرۋازا» تىلغا ئېلىنىدۇ، بىراق ئايەتتە «جەنۇبىي دەرۋازا» تىلغا ئېلىنمايدۇ.\f* \b \m \s1 باشقا ئىككى دەرۋازىسى \m \v 20 ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى. \v 21 ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز. \v 22 ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى. \f □ \fr 40:22 \ft \+bd «ئۇنىڭ دېرىزىلىرى...»\+bd* ــ «دېرىزىلىرى» مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ «روجەك»لىرى، ياكى «روجەكلىك دېرىزە»لىرىنى كۆرسىتىدۇ (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 23 ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. \m \v 24 ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. \v 25 دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. \v 26 ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى. \m \v 27 ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. \v 28 ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. \v 29 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. \v 30 ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى. \f □ \fr 40:30 \ft \+bd «ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى»\+bd* ــ ئەينى تېكستىنى چۈشىنىش تەس.\f* \v 31 ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. \m \v 32 ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. \v 33 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. \v 34 ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ \add كىرىش ئېغىزىنىڭ\add* ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. \m \v 35 ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. \v 36 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى \add باشقىلىرىغا\add* ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. \v 37 ئۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ \add كىرىش ئېغىزىدىكى\add* ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. \f □ \fr 40:37 \ft \+bd «ۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ كېشەكلىرى ...».\f* \v 38 ھەربىر دەرۋازا \add ئىككى\add* تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى. \m \v 39 دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ. \v 40 شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى. \v 41 شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ. \m \v 42 يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ. \f □ \fr 40:42 \ft \+bd «يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ تۆت شىرە يونۇلغان تاشتىن ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويلىدۇ». بىراق بۇنداق جوزىلار قوي-كالىلارنىڭ جەسىتىنى قويغۇدەك دەرىجىدە چوڭ ئەمەس.\f* \v 43 دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ.\f □ \fr 40:43 \ft \+bd «دەرۋازا ئىچىدە... كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ شىرەلەر پەقەت شىمالىي دەرۋازىسىدىلا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ. بىراق 38-ئايەت «دەرۋازىلار»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 كاھىنلارنىڭ ئۆيلىرى \m \v 44 ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى. \v 45 ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. \v 46 جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 40:46 \ft \+bd «شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ»\+bd* ــ زادوكلارنىڭ شۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش سەۋەبى 15:44دە ئېيتىلىدۇ.\f* \m \v 47 ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى.\f □ \fr 40:47 \ft \+bd «قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى»\+bd* ــ «مۇقەددەسخانا» ھويلا ئىچىدە تۇرىدىغان ئۆي؛ ئۇ «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \b \m \s1 مۇقەددەس جاينىڭ دالىنى •••• سخېمىنى كۆرۈڭ \m \v 48 ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ \add ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى\add*؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ \add ئىچكى تەرىپىنىڭ\add* كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى. \f □ \fr 40:48 \ft \+bd «دالان ئېغىزىنىڭ ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى»\+bd* ــ بۇ جۈملە بەزى كونا تېكىستلەردە (بولۇپمۇ كونا گرېك تىلىدىكى LXX تەرجىمىسىدە) تېپىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بايانلىرىنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر جۈملە بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 49 دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى.\f □ \fr 40:49 \ft \+bd «دالاننىڭ ... ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى»\+bd* ــ بەزى كونا تېكىستلەردە «ئون ئىككى گەز» دېيىلىدۇ.\f*  \fig |src="btl-ezekiel-porch-building-uara-01.jpg" size="col" ref="ئەزاكىيال 40:49" \fig* \b \b \m \c 41 \s1 مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي •••• سخېمىلارنى كۆرۈڭ \m \v 1 ئۇ مېنى \add مۇقەددەسخانىدىكى\add* مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى. \fig |src="btl-ezekiel-temple-inside-look-uara-01.jpg" size="col" ref="ئەزاكىيال 41:1" \fig* \v 2 كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى. \m \v 3 ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ \add ئىككى تەرەپتىكى\add* توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى. \f □ \fr 41:3 \ft \+bd «ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ... كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز...»\+bd* ــ ئالىملارنىڭ بۇ 3-1 ئايەتتتىكى ئۆلچەملەر توغرۇلۇق باشقا-باشقا چۈشىنىشلىرى بار. سخېمىلىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى.\f □ \fr 41:4 \ft \+bd «ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، ... ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى»\+bd* ــ ئەزاكىيال كاھىن بولۇپ، «مۇقەددەس جاي»غا كىردى. بىراق «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرمىدى؛ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە پەقەت «باش كاھىن» «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرىشكە ھوقۇقلۇق ئىدى.\f* \b \m \s1 «مۇقەددەسخانا»غا يانداش كىچىك خانىلار \m \v 5 ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى. \v 6 يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى. \v 7 يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى.\f □ \fr 41:7 \ft \+bd «مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن»\+bd* ــ مۇشۇ «قۇرۇلۇش» دېگەن سۆز پۈتكۈل «مۇقەددەس كىتاب»تا پەقەت بىر قېتىملا تېپىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەنىسىنى بېكىتىش تەس. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، ئۇ «كارىدور» ياكى «پەلەمپەي» دېگەن مەنىدە.\f* \m \v 8 مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى. \f □ \fr 41:8 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، «چوڭ گەز» «بىر گەزگە قوشۇلغان بىر ئالىقان» (525 مىللىمېتر ئەتراپىدا) (5:40نى كۆرۈڭ).\f* \v 9‏-10 يېنىدىكى خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار بىلەن \add كاھىنلارنىڭ\add* ھۇجرىلىرى ئارىلىقىدىكى بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ بۇ بوش يەر مۇقەددەسخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى. \v 11 يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى. \m \v 12 غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى.\f □ \fr 41:12 \ft \+bd «بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى... ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى»\+bd* ــ بۇ بىنانىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى «ئىچكى كەڭلىكى» ۋە «ئىچكى ئۇزۇنلۇقى»نى كۆرسەتسە كېرەك. سخېمىمىزدا شۇنداق قىياس قىلىمىز. باشقا ئىمكانىيىتىمۇ سخېمىمىزدا كۆرسىتىلىدۇ. \fp ئالىملار بىنانىڭ قايسى يۆلىنىشتە (توعرىسىغا، ئۇزۇنىسىغا) ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ئىككى پىكىردە بار.\f* \b \m \s1 ئىبادەتخانىنىڭ يەنە بەزى تەپسىلاتلىرى \m \v 13 ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى \add يۈز گەز ئىدى\add*، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. \v 14 مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. \f □ \fr 41:14 \ft \+bd «شەرققە جايلاشقان ھويلىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا « شەرققە جايلاشقان بوش يەر».\f* \v 15‏-16 ئۇ \add مۇقەددەسخانىنىڭ\add* كەينىدىكى بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ كەڭلىكىنى، جۈملىدىن ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى كارىدورنى ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى بىلەن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ى ۋە سىرتقا قارايدىغان دالىنى بولسا، ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇنىڭ بوسۇغىلىرى، ئىچىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئەتراپىدىكى روجەكلىرى ھەم دەھلىزلىرى بولسا، بوسۇغىسىدىن تارتىپ ھەممە يەر، پولدىن دېرىزىلەرگىچە ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن (دېرىزىلەر ئۆزى روجەكلىك ئىدى). \m \v 17‏-18 دالاندىن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غىچە بولغان تورۇس، ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىنىڭ ھەممە يېرى كېرۇب ۋە پالما دەرەخلىرى بىلەن ئۆلچەملىك نەقىشلەنگەنىدى. ھەر ئىككى كېرۇب ئارىسىدا بىر پالما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى؛ ھەربىر كېرۇبنىڭ ئىككى يۈزى بار ئىدى. \f □ \fr 41:17‏-18 \ft \+bd «ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»»\+bd* ــ دېمەك، «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي».\f* \v 19 كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ \add ئىچكى\add* ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛ \v 20 دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان. \m \v 21 «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى. \m \v 22 «\add مۇقەددەس جاي\add*»\add نىڭ\add* ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى.\f □ \fr 41:22 \ft \+bd ««مۇقەددەس جاي»نىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان...»\+bd* ــ بۇ «قۇربانگاھ» بەلكىم قۇربانلىقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا «مۇقەددەس نان» قويۇلۇش ئۈچۈن ياسىلىدۇ؛ چۈنكى ئاخىرىدا «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 23 \add مۇقەددەسخانىنىڭ\add* «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى. \v 24 ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى. \v 25 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى. \v 26 دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى.\fig |src="btl-ezekiel-temple-sketchesreinders-uara.jpg" size="col" ref="ئەزاكىيال 41:26" \fig* \b \b \m \c 42 \s1 سىرتقى ۋە ئىچكى ھويلا ئارىسىغا جايلاشقان كاھىنلارنىڭ ئۆيلىرى •••• سخېمىلارنى كۆرۈڭ \m \v 1 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا، شىمال تەرىپىگە ئاپاردى؛ ئۇ مېنى يەنە «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي ئۇدۇلىغا جايلاشقان كىچىك خانىلارغا ئاپاردى. \v 2 خانىلارنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كىرىش يولى شىمالغا قارايتتى؛ \add خانىلارنىڭ\add* جەمئىي كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. \v 3 خانىلار ئىچكى ھويلىغا تەۋە يىگىرمە گەز كەڭلىكتىكى «بوش يەر»گە قارايتتى، شۇنداقلا سىرتقى ھويلىغا تەۋە «تاش تاختايلىق سۇپا»نىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ئۈچ قەۋەتلىك خانىلارنىڭ كارىدورىنىڭ بىر تەرىپىدىكى خانىلار يەنە بىر تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. \m \v 4 خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى؛ \f □ \fr 42:4 \ft \+bd «خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى»\+bd* ــ بىز مۇشۇ يەردە گرېك تەرجىمىسى (LXX) ۋە «پېشىتتا»نىڭ تېكىستىگە ئەگىشىپ، «يۈز گەز» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. \+bd «... خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى»\+bd* ــ پۈتۈن ئايەتتىكى ئەينى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. مۇمكىنچلىكى باركى، ھەر قەۋەتتە ئىككى كارىدور بار؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر خانا كارىدورغا، يەنى «شىمالغا» قارايتتى.\f* \v 5 يۇقىرىدىكى خانىلار تۆۋەندىكى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيلەردىن تار ئىدى؛ چۈنكى كارىدورلار كۆپ ئورۇننى ئىگىلىۋالغانىدى. \v 6 خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى؛ بىراق ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى.\f □ \fr 42:6 \ft \+bd «...ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى»\+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئىبارىنىي تىلىدا چۈشىنىش تەس. بىنادىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.\f* \m \v 7 سىرتتىكى خانىلارنىڭ يېنىدىكى، يەنى ھويلىنى خانىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىرتقى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى. \v 8 سىرتقى ھويلىغا تۇتاشقان خانىلارنىڭ بولسا، جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى؛ مانا، مۇقەددەسخانىغا قارايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. \v 9 بۇ خانىلار ئاستىدا، سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى.\f □ \fr 42:9 \ft \+bd «... سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى»\+bd* ــ بۇ بىنادىن ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان بىر يولمۇ بولۇش كېرەك (13-، 14-ئايەت ۋە 19:44-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 10 ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، شەرقىي تەرىپىگە قارايدىغان ئىچكى ھويلىدىكى تامنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولغان، «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان خانىلار بار ئىدى؛ \v 11 ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كارىدور بار ئىدى؛ ئۇلار شىمالغا قارايدىغان خانىلارغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى، بارلىق چىقىش يوللىرى، شەكلى ۋە ئىشىكلىرى ئوخشاش ئىدى. \v 12 جەنۇبقا قارايدىغان بىر يۈرۈش خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ بېشىدا بىر كىرىش يولى بار ئىدى؛ بۇ كىرىش يولىمۇ شەرققە قارايدىغان تامنىڭ يېنىدا ئىدى. \m \v 13 ۋە ئۇ ماڭا: «\add ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىدىكى\add* «بوش يەر»گە تۇتاشلىق بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي يۈرۈش خانىلار بولسا، مۇقەددەس خانىلاردۇر؛ پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشالايدىغان كاھىنلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى يەيدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلەرنى، گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى قويىدۇ؛ چۈنكى شۇ يەرلەر مۇقەددەستۇر. \v 14 كاھىنلار خۇدا ئالدىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار «مۇقەددەس جاي»دىن بىۋاسىتە سىرتقى ھويلىغا چىقمايدۇ، بەلكى شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار پەقەت باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، ئاندىن جامائەت تۇرغان يەرگە چىقىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 42:14 \ft \+bd «كاھىنلار ... شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ...»\+bd* ــ «شۇ يەر» يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن «يۈرۈش خانىلار»نى كۆرسىتىش كېرەك (19:44-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). ئىچكى ھويلىنىڭ ئۆزىدە كىيىم-كېچەكنى ئالماشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەستۇر.\f*  \fig |src="btl-ezekiel-temple-detailed-complex-uara.jpg" size="col" ref="ئەزاكىيال 42:14" \fig* \m \v 15 ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئۇ مېنى شەرققە قارايدىغان دەرۋزىدىن چىقاردى ۋە ئەتراپىدىكى تامنى ئۆلچىدى. \v 16 ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. \f □ \fr 42:16 \ft \+bd «ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى»\+bd* ــ ئىبادەتخانىدىكى «سىرتقى ھويلا»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بەش يۈز گەز ئىدى (ھېسابلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن سخېمىلارنى كۆرۈڭ). بۇنىڭغا قارىغاندا، سىرتقى ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر چوڭ توسما تام بولسا كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بۇ ئىبادەتخانا ئىنتايىن چوڭ بولغان بولىدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىر كىلومېتردىن ئېشىشى مۇمكىن. \fp گرېك تەرجىمىسى (LXX)نىڭ تېكىستتە «بەز يۈز گەز» دېيىلىدۇ.\f* \v 17 ئۇ شىمالىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. \v 18 ئۇ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. \v 19 ئۇ غەربىي تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. \m \v 20 ئۇ تۆت تەرىپىنى ئۆلچىدى؛ ئەتراپىدا ئاۋام بىلەن پاك-مۇقەددەس بولغان جايلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى بەش يۈز \add خادا\add*، كەڭلىكى بەش يۈز \add خادا\add* تام بار ئىدى. \b \b \m \c 43 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ \m \v 1 ئۇ مېنى دەرۋازىغا، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا ئاپاردى؛ \v 2 مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شەرق تەرەپتىن كەلدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك ئىدى؛ يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپى بىلەن يورۇتۇلدى. \m \v 3 مەن كۆرگەن بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بولسا، ئۇ شەھەرنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن قېتىمدا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ ئالامەت كۆرۈنۈشلەر يەنە مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. \x + \xo 43:3 \xt ئ‍ەز. 1‏:4؛ 8‏:4\x* \v 4 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى؛ \v 5 روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىنى تولدۇردى.\f □ \fr 43:5 \ft \+bd «روھ مېنى كۆتۈرۈپ،...»\+bd* ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 43:5 \xt ئ‍ەز. 3‏:14، ئ‍ەز. 11‏:24\x* \m \v 6 ھېلىقى كىشى يېنىمدا تۇرغاندا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم؛ \v 7 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ مېنىڭ تەختىم سېلىنغان جاي، مەن ئاياغ باسىدىغان، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىدىغان جايدۇر؛ ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ــ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى پادىشاھلىرى بۇزۇقلۇقى بىلەن ياكى «يۇقىرى جايلار»دا پادىشاھنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ. \f □ \fr 43:7 \ft \+bd «پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ»\+bd* ــ ئىسرائىللار قەدىمكى زامانلاردا بەلكىم پادىشاھلىرىنى «يۇقىرى جايلار»دا دەپنە قىلىپ شۇ يەرلەرنى تاۋاپگاھلار قىلىۋالغان. بەزى ئالىملار «جەسەتلىرى»نى «ئابىدە تاشلىرى» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 43:7 \xt يەر. 16‏:18\x* \v 8 ئۇلار ئۆز بوسۇغىسىنى مېنىڭ بوسۇغىمنىڭ يېنىغا، ئىشىك كېشىكىنى مېنىڭ ئىشىك كېشىكىمنىڭ يېنىغا سالغان، ئۇلار بىلەن مېنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يىرگىنچلىكلىرى بىلەن بۇلغىغان. شۇڭا مەن غەزىپىم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋەتتىم. \m \v 9 ئەمدى ھازىر ئۇلار بۇزۇقلۇقىنى، پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەندىن يىراق قىلسۇن؛ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىمەن. \m \v 10 ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىدىن خىجالەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئۆينى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەرگىن؛ ئۇلار كاللىسىدا ئىبادەتخانىنى ئۆلچەپ باقسۇن. \v 11 ئەگەردە ئۇلار ئۆز قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسا، ئەمدى سەن مۇشۇ ئۆينىڭ شەكلىنى، ئۇنىڭ سېلىنىشىنى، چىقىش يوللىرىنى، كىرىش يوللىرىنى ۋە بارلىق لايىھىسىنى ۋە بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ــ شۇنداق، بارلىق شەكلىنى ۋە بارلىق قانۇنلىرىنى ئايان قىلىپ بەرگىن؛ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەكلىنى ئېسىدە تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا يازغىن. \m \v 12 ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنى شۇنداق بولىدۇ: ئۇ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنىڭ بېكىتىلگەن پاسىلغىچە بولغان دائىرىسى «ئەڭ مۇقەددەس» بولىدۇ؛ مانا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنىدۇر. \b \m \s1 ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان ئىبادەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى ــ قۇربانگاھ •••• سخېمىنى كۆرۈڭ \m \v 13 قۇربانگاھنىڭ «\add چوڭ\add* گەز»دە ئۆلچەنگەن ئۆلچەملىرى شۇنداق ئىدى: ــ. بۇ گەز بولسا بىر گەز قوشۇلغان بىر ئالىقان بولىدۇ. قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا بىر ئالىقان ئىدى. مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى. \f □ \fr 43:13 \ft \+bd «مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «قۇربانگاھنىڭ ئېگىزلىكى تۆۋەندە: ــ...»\f* \m \v 14 ئۇنىڭ ئۇلىدىن ئاستىنقى تەكچىگىچە ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ بۇ «كىچىك تەكچە»دىن «چوڭ تەكچە»گىچە تۆت گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ \v 15 قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت گەز ئىدى؛ ئوت سۇپىسىدا تۆت مۈڭگۈز چوقچىيىپ چىقىپ تۇراتتى. \v 16 قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى گەز، كەڭلىكى ئون ئىككى گەز بولۇپ، ئۇ تۆت چاسىلىق ئىدى. \v 17 يۇقىرى تەكچىگىچىمۇ تۆت چاسىلىق ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت گەز، كەڭلىكى ئون تۆت گەز؛ ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا يېرىم گەز ئىدى؛ ئاستىنىڭ كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپىيى شەرققە قارايتتى.\fig |src="btl-ezekiel-altar-uara.jpg" size="col" ref="ئەزاكىيال 43:17" \fig* \m \v 18 ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: بۇ قۇربانگاھ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە ئۈستىگە قان سېپىش ئۈچۈن ئۇنى ياسىغان كۈنىدە، شۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ: ــ \v 19 سەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، يەنى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدىغان زادوك نەسلىدىكىلەردىن بولغان كاھىنلارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ياش بىر تورپاقنى بېرىسەن؛ \v 20 سەن ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چوڭ تەكچىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ھەم ئەتراپىدىكى گىرۋەكلىرى ئۈستىگە سۈرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن.\f □ \fr 43:20 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن»\+bd* ــ «كافارەت قىلىش» توغرۇلۇق «لاۋ.» 3:1 ۋە ئىزاھاتنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 21 سەن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ سىرتىدا بولغان، ئىبادەتخانىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن جايدا كۆيدۈرىسەن؛ \v 22 ئىككىنچى كۈنىدە سەن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى تورپاق بىلەن پاكلاندۇرغاندەك تېكە بىلەن ئۇنى پاكلايدۇ. \m \v 23 سەن ئۇنى پاكلىغاندىن كېيىن، سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاق، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى سۇنىسەن؛ \v 24 سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. \v 25 يەتتە كۈن سەن ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنىمۇ سۇنىدۇ. \v 26 ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىيدۇ. \m \v 27 بۇ كۈنلەر تۈگىگەندە، سەككىزىنچى كۈنى ۋە شۇ كۈندىن كېيىن، كاھىنلار سىلەرنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 44 \s1 كاھىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى، ئىمتىيازلىرى \m \v 1 ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ئۇ ئېتىكلىك ئىدى. \v 2 پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ دەرۋازا ئېتىكلىك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئېچىلمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن كىرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇنىڭدىن كىرگەن؛ شۇڭا ئۇ ئېتىكلىك قالىدۇ. \v 3 پەقەت شاھزادە، شاھزادىلىك سۈپىتى بىلەن شۇ دەرۋازىنىڭ \add كارىدورىدا\add* ئولتۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا نان يېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇ \add دەرۋازنىنىڭ\add* دالىنىدىن كىرىدۇ ۋە شۇ يولدىن چىقىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 44:3 \ft \+bd «ئۇ دەرۋازنىنىڭ دالىنىدىن كىرىدۇ...»\+bd* ــ دېمەك، شاھزادە شەرقىي دەرۋازىنىڭ كارودورىغا ھويلا ئارقىلىق دالاندىن ئۆتۈپ كىرىدۇ. نان يېگەندىن كېيىن ئۇ شۇ يول بىلەن چىقىپ كېتىدۇ.\f* \m \v 4 ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىرىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ مەن كۆردۇم، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇردى؛ مەن دۈم يىقىلدىم.\f □ \fr 44:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى»\+bd* ــ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 پەرۋەردىگار ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى ھەم قانۇنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزۈڭ بىلەن كۆر، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا؛ ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش يولى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ چىقىش يوللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئېسىڭدە تۇت. \v 6 ئاندىن ئاسىيلارغا، يەنى ئىسرائىل جەمەتىگە شۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلارغا بولدى بەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى! \v 7 سىلەر بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن سىرت، ماڭا نان، قۇربانلىق مېيى ۋە قېنىنى سۇنغىنىڭلاردا، سىلەر يات ئادەملەرنى، قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغانلارنى مېنىڭ مۇقەددەس جايىمدا، يەنى مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇپ ئۇنى بۇلغاشقا كىرگۈزدۇڭلار؛ ئۇلار ئەھدەمنى بۇزدى. \v 8 سىلەر مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە مەسئۇلىيەت بىلەن سادىق بولماي، بەلكى مۇقەددەس جايىمدا ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىغا مەسئۇل بولۇشقا \add يات ئادەملەرنى\add* ئىشقا قويدۇڭلار». \m \v 9 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئادەملەردىن، يەنى قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغان ھەرقانداق يات ئادەمنىڭ مېنىڭ مۇقەددەس جايىمغا كىرىشىگە بولمايدۇ \m \v 10 لېكىن ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ \f □ \fr 44:10 \ft \+bd «... ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»\+bd* ــ لاۋىي جەمەتىدىكىلەر، يەنى لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بولغان. تەپسىلاتلىرى تەۋراتنىڭ «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار» ۋە «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» دېگەن قىسمىلاردىن تېپىلىدۇ.\f* \v 11 ھالبۇكى، ئۇلار يەنىلا مۇقەددەس ئورنۇمدا، ئۆي دەرۋازىلىرىدا نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۆي خىزمىتىدە بولىدىغان خىزمەتكارلار بولىدۇ؛ ئۇلار خەلق ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. \f □ \fr 44:11 \ft \+bd «مۇقەددەس ئورنۇم»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس جاي» ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 12 ئەمما خەلق مەبۇدلىرىغا چوقۇنغاندا، ئۇلار خەلقنىڭ شۇ ئىشلىرىدا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتىنى قەبىھلىككە ئېلىپ بارىدىغان پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇڭا مەن ئۇلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. \v 13 شۇڭا ئۇلار مەن ئۈچۈن كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مېنىڭ يېنىمغا يېقىن كەلمەيدۇ، ياكى مېنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلىرىمگە يېقىن كەلمەيدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئۆز خىجالىتىنى ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. \v 14 بىراق مەن ئۇلارنى ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمىتىگە ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل قىلىمەن. \b \m \s1 زادوك جەمەتىدىكى خۇداغا سادىق بولغان كاھىنلار توغرىسىدا \m \v 15 بىراق ئىسرائىل مەندىن ئېزىپ كەتكەندە، ئۆز مۇقەددەس جايىمغا قاراشقا سادىق كاھىنلار، يەنى لاۋىيلار بولغان زادوكنىڭ ئەۋلادىلىر ــ ئۇلار خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار قۇربانلىقىلارنىڭ مېيىنى ۋە قېنىنى سۇنۇشقا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 16 ئۇلار مۇقەددەس جايىمغا كىرىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا داستىخىنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمغا مەسئۇل بولىدۇ. \m \v 17 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدىن كىرگەندە، كاناپ كىيىمنى كىيىشى كېرەك؛ ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدا ياكى مۇقەددەسخانا ئالدىدا خىزمەتتە بولغاندا، ئۇلاردا ھەرقانداق يۇڭدىن بولغان نەرسە بولمايدۇ؛ \v 18 بېشىغا كاناپتىن تىكىلگەن سەللە، بېلىنىڭ تۆۋىنىگە كاناپتىن تامبال كىيىدۇ؛ ئۇلار ئادەمنى تەرلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى كىيمەسلىكى كېرەك. \f □ \fr 44:18 \ft \+bd «ئۇلار ئادەمنى تەرلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى كىيمەسلىكى كېرەك»\+bd* ــ «تەرلىتىدىغان» ياكى «تەر ئاققۇزىدىغان» كىيىم كاھىنلار ئۈچۈن بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، ئادەمئاتىمىز گۇناھ سادىر قىلغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا: «سەن پېشانەڭدىن تەر ئاققۇزۇشۇڭ بىلەن نېنىڭنى يەيسەن» دەپ لەنەت قىلغانىدى. خۇدانىڭ خىزمىتى ئۇنىڭ ئىلتىپاتى، كۈچ-قۇدرىتى بىلەن قىلىنمىسا بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ نىجاتىدا ياكى خىزمىتىدە ئادەمنىڭ ئۆز «تىرىشچانلىقى»، ياكى ئىنسانىيەتنىڭ گۇناھىنى ئەسلىتىدىغان «ئاققۇزغان تەر»ىنىڭ ھېچ ئورنى يوق.\f* \v 19 ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىغا سىرتقى ھويلىغا چىققاندا، ئۇلار خىزمەت كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۇلارنى مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا قويۇپ قويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ بۇ كىيىملىرىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن باشقا كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. \f □ \fr 44:19 \ft \+bd «ئۇلار خەلقنىڭ بۇ كىيىملىرىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن باشقا كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئاددىي پۇقرالارنىڭ كاھىنلارنىڭ خىزمەت كىيىملىرىگە تېگىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئۇلار تەگكۈچى بولسا خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايتتى. شۇڭا بۇ بەلگىلىمە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن ئىدى. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىمۇ يېڭى ئىبادەتخانىدىكى كاھىنلار ۋە ۋەزىپىلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.\f* \v 20 ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكى، ياكى چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋەتمەسلىكى لازىم؛ ئۇلار پەقەت قىسقا چاچ قويۇشى كېرەك. \v 21 ئىچكى ھويلىغا كىرگەندە ھېچقايسى كاھىن شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك. \m \v 22 ئۇلار تۇل ياكى ئاجراشقان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ ئۇلار ئىسرائىل نەسلىدىن بولغان پاك قىزنى، ياكى كاھىندىن تۇل قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولىدۇ.\x + \xo 44:22 \xt لاۋ. 21‏:13،14\x* \m \v 23 ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. \m \v 24 ئەرز-دەۋالاردا ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا بولىدۇ؛ ئۇلار بۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھۆكۈملىرىم بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ مەن بېكىتكەن بارلىق ھېيت-بايراملىرىم توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلىشى كېرەك. \m \v 25 ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈكنىڭ يېنىغا ھېچ بارماسلىقى كېرەك؛ ھالبۇكى، ئۆلگەن ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى ئېرى يوق ئاچا-سىڭلىسى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ناپاك قىلىشقا بولىدۇ. \v 26 ئۆزىنى پاكلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە كۈن سانىلىشى كېرەك؛ \v 27 ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، يەنى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇشقا ئىچكى ھويلىغا كىرگەن شۇ كۈنىدە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇشى كېرەك، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 28 بۇ ئۇلارغا مىراس بولىدۇ: ــ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا مىراس بولىمەن؛ سىلەر ئۇلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق ئىگىلىكنى تەقسىم قىلمايسىلەر؛ مەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىمەن. \x + \xo 44:28 \xt چۆل. 18‏:20؛ قان. 18‏:1\x* \v 29 ئۇلار ئاشلىق ھەدىيە، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن يەيدۇ؛ ئىسرائىلدا مەخسۇس خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئۇلارنىڭكى بولىدۇ. \v 30 تۇنجى چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېسىلى، بارلىق ۋە ھەرقانداق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەر كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. سىلەر \add ئارپا-بۇغدىيىڭلارنىڭ\add* ھوسۇلىنىڭ تۇنجى خېمىرىنى كاھىنغا تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بەخت-بەرىكەت ئۆيۈڭلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. \f □ \fr 44:30 \ft \+bd ««كۆتۈرمە ھەدىيە»لەر»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە بەزى قۇربانلىقلاردىن ۋە خۇداغا ئاتالغان بەزى باشقا ھەدىيەلەردىن «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مەخسۇس كاھىنلار ئۈچۈن ئايرىش كېرەك ئىدى («مىس.» 2:25-3نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 44:30 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29،30؛ چۆل. 18‏:11\x* \v 31 كاھىنلار ئۆزلۈگىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھېچقانداق ھايۋان ياكى ئۇچار-قاناتلاردىن يېيىشكە بولمايدۇ.\x + \xo 44:31 \xt لاۋ. 22‏:8\x* \b \b \m \c 45 \s1 زېمىندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان پارچە يەر •••• 44-:30ئىزاھات، سخېمىنى ۋە خەرىتىنى كۆرۈڭ \m \v 1 سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ \add خادا\add* بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 45:1 \ft \+bd «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا»\+bd* ــ تەخمىنەن 78 كىلومېتر. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز» ــ (يەنى 13 كىلومېتر) \+bd «كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ خادا»\+bd* ــ تەخمىنەن 63 كىلومېتر. بىز مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدىكى LXX تەرجىمىسىگە ئەگىشىمىز. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە مىڭ گەز» ــ (يەنى 10.5 كىلومېتر).\f* \v 2 ئۇ يەردىن بەش مىڭ \add خادا\add* ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ \add خادا\add* كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ. \f □ \fr 45:2 \ft \+bd «ئۇ يەردىن بەش مىڭ خادا ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ خادا كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ يەردىن بەش مىڭ خادا ئۇزۇنلۇقتا، بەش مىڭ خادا كەڭلىكتە تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ» دېيىلىدۇ.\f* \v 3 بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، كەڭلىكى ئون مىڭ \add خادا\add* بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ. \m \v 4 بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. \v 5 ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ. \v 6 سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ \add خادا\add*، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add* يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ. \f □ \fr 45:6 \ft \+bd «شەھەر ئۈچۈ»\+bd* ــ يەنى يېرۇسالېم ئۈچۈن. \+bd «كەڭلىكى بەش مىڭ خادا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا» ــ ياكى «كەڭلىكى بەش مىڭ گەز، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز».\+bd*\f* \v 7 شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ. \v 8 بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ. \m \v 9 رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر-زۇلۇم ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 10 سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن. \f □ \fr 45:10 \ft \+bd «ئەفاھ»\+bd* ــ قۇرۇق نەرسىلەرگە ئۆلچەم ئىدى، تەخمىنەن 27 لىتر ئىدى. \+bd «بات»\+bd* ــ سۇيۇق نەرسىلەرگە ئۆلچەم، ئەفاھقا باراۋەر بولۇپ 27 لىتر ئىدى.\f*  \x + \xo 45:10 \xt لاۋ. 19‏:35،36\x* \v 11 «ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن. \f □ \fr 45:11 \ft \+bd «بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن»\+bd* ــ «خومىر»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئېشەك كۆتۈرەلىگۈدەك يۈك» ئىدى ــ تەخمىنەن 220-300 لىتر.\f* \v 12 بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ.\f □ \fr 45:12 \ft \+bd «شەكەل»\+bd* ــ كۈمۈشنىڭ (ياكى ئالتۇننىڭ) ئۆلچىمى بولۇپ، 11.4 گرامغا باراۋەر ئىدى. \+bd «مىنا»\+bd* ــ (ياكى «مانەھ») بىرخىل تەڭگە، 60 شەكەلگە باراۋەر ئىدى. ئەمدى نېمىشقا ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە «20، 25 ۋە 15 شەكەل»گە بۆلۈنۈشىنى ئانچە بىلمەيمىز. بەلكىم مۇشۇ بۆلۈنۈشى بىرخىل ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 45:12 \xt مىس. 30‏:13؛ لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 3‏:47\x* \b \m \s1 شاھزادە ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» \m \v 13 بۇ سىلەرنىڭ \add شاھزادە ئۈچۈن\add* «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛ \v 14 زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ). \v 15 ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \v 16 زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ. \v 17 شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ. \b \m \s1 ھېيت-بايراملار توغرۇلۇق بەزى بەلگىلىمىلەر \m \v 18 رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن. \v 19 كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛ \v 20 شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن. \b \m \v 21 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك. \x + \xo 45:21 \xt مىس. 12‏:3؛ 23‏:15؛ لاۋ. 23‏:5؛ چۆل. 9‏:3؛ 28‏:16،17؛ قان. 16‏:1\x* \v 22 شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ. \v 23 ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ. \v 24 ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. \f □ \fr 45:24 \ft \+bd «بىر خىن زەيتۇن مېيىنى»\+bd* ــ «بىر خىن» بەلكىم تەخمىنەن 6 لىتر.\f* \v 25 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك.\f □ \fr 45:25 \ft \+bd «يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيت»\+bd* ــ يەنى «كەپىلەر ھېيتى» ياكى «كەپە تىكىش ھېيتى»\f*  \x + \xo 45:25 \xt لاۋ. 23‏:33؛ چۆل. 29‏:12؛ قان. 16‏:13\x* \b \b \m \c 46 \s1 «شابات كۈن»لىرى ۋە «يېڭى ئاي»لار \m \v 1 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ. \f □ \fr 46:1 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شابات كۈنى» شەنبە كۈنى، دەم ئېلىش كۈنىدۇر.\f* \v 2 شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ. \v 3 زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ. \m \v 4 شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ. \v 5 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. \m \v 6 «يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ. \v 7 بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. \v 8 شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ. \m \v 9 زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ. \v 10 خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ. \m \v 11 ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. \v 12 شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ. \b \m \v 13 ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن. \v 14 ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. \v 15 ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. \b \m \s1 مىراسلار توغرۇلۇق بەزى بەلگىلىمىلەر \m \v 16 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ. \v 17 بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ \add شاھزادىنىڭ مىراسى\add* ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ. \f □ \fr 46:17 \ft \+bd «خالاس قىلىش يىلى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، «خالاس قىلىش يىلى» ياكى «بۇرغا چېلىش يىلى» ھەر 49 يىلدا بىر بولىدۇ، ئاشۇ يىلىدا ھەر ئادەمنىڭ قەرزى خالاس قىلىنىدۇ، باشقىلارغا سېتىلغان مىراس-زېمىنلار ئۆز ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرۇلىدۇ. («لاۋ.» 25-بابنى كۆرۈڭ).\f* \v 18 ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ. \b \m \s1 كاھىنلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئالغان گۆشنى پىشۇرۇشى \m \v 19 ئاندىن \add ھېلىقى كىشى\add* مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛ \v 20 ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ \add ئاشلارنى\add* سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ. \f □ \fr 46:20 \ft \+bd «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر... خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ ئاشلارنى سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، كاھىنلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن سىرت، ھەرخىل قۇربانلىقلاردىن ۋە «ھەدىيە»لەردىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ يېيىش ھوقۇقى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ رەسمىي كىرىمى بولمىغاچقا، بۇ ئۈلۈشلەر ئۇلارنىڭ جېنىنى باقاتتى. خەلق قۇربانلىقلىرى ۋە ئۈلۈشلىرىنى خۇداغا ئاتاپ سۇنغاندىن كېيىن، «مۇقەددەس» دەپ ھېسابلىنىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۇلارنى يېيىشى ياكى ئۇلارغا تېگىشى مەنئى قىلىنغان. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىمۇ بۇ قۇربانلىقلار ئۈستىدە توختىلىمىز.\f* \v 21 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا \add كىچىك\add* ھويلا بار ئىدى. \v 22 ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى. \v 23 بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان \add ئوت قالايدىغان\add* جايلىرى بار ئىدى. \m \v 24 ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 46:24 \ft \+bd «مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ\+bd* ــ «قۇربانلىقلارنى قاينىتىش» توغرۇلۇق «لاۋ.» 31:7-36، 31:8-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ خەلق ئاپارغان «ئىناقلىق قۇربانلىقى»لار، «گۇناھ قۇربانلىقى»لار ۋە «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»لاردىن پارچە گۆش ئېلىپ يېيىش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقنى سويۇپ سۇنۇشىدىكى «ئىش ھەققى» ئىدى.\f*  \fig |src="btl-ezekiel-overview-temple-area-uara-01.jpg" size="col" ref="ئەزاكىيال 46:24" \fig* \b \b \m \c 47 \s1 ھاياتلىق دەرياسى \m \v 1 \add ھېلىقى كىشى\add* مېنى ئۆينىڭ دەرۋازىسىغا قايتا ئاپاردى. مانا، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن سۇلار شەرققە قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. سۇلار ئۆينىڭ ئاستىدىن، ئوڭ تەرىپىدىن، قۇربانگاھنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. \f □ \fr 47:1 \ft \+bd «ئۆينىڭ دەرۋازىسى»\+bd* ــ «ئۆي» مۇشۇ يەردە پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 47:1 \xt زەك. 14‏:8\x* \v 2 ئۇ مېنى شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىسىدىن چىقاردى؛ ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئاپاردى؛ مانا، سۇلار ئوڭ تەرىپىدىن ئېقىپ تۇراتتى. \m \v 3 ھېلىقى كىشى قولىدا ئۆلچىگۈچ تانىنى تۇتۇپ، شەرققە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ مىڭ گەز ئۆلچىدى، ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چىقاتتى. \m \v 4 ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ تىزلىرىغا يەتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ بېلىگە چىقاتتى. \v 5 ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئۇ مەن ئۆتەلمەيدىغان دەريا بولۇپ چىقتى؛ چۈنكى سۇلار ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇنىڭدا سۇ ئۈزگىلى بولاتتى، ئۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا بولۇپ چىقتى. \v 6 ئۇ مەندىن: «ئىنسان ئوغلى، بۇنى كۆرگەنسەن؟» دەپ سورىدى؛ ئاندىن مېنى دەريانىڭ قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. \m \v 7 قىرغاققا قايتتىم، مانا، دەريانىڭ قىرغىقىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئىنتايىن كۆپ دەرەخلەر بار ئىدى.\x + \xo 47:7 \xt ۋەھ. 22‏:2\x* \m \v 8 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ سۇلار يۇرتنىڭ شەرقىگە چىقىدۇ؛ شۇ يەردىن ئۇلار ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ، ئاندىن دېڭىزغا كىرىدۇ. ئۇلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ. \f □ \fr 47:8 \ft \+bd «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»\+bd* ــ خەرىتىنى كۆرۈڭ. «ئاراباھ» دېگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ جىلغىسى. \+bd «دېڭىز»\+bd* بولسا «ئۆلۈك دېڭىز» ــ بۈگۈنگە قەدەر ئۇ دېڭىز ئىنتايىن تۇزلۇق بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق جانىۋار ياشىمايدۇ. بىراق بۇ سۇلار بىلەن ئۇنىڭ سۇلىرى ئاقار سۇ بولۇپ، نۇرغۇن بېلىق-ھايۋانلار ئۇلاردا ياشايدۇ.\f* \v 9 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ «جۈپ دەريا» قايسى يەرگە ئېقىپ كەلسە، شۇ يەردىكى بارلىق سۇ ئۈزىدىغان جانىۋارلار ياشايدۇ؛ دېڭىزدا نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ؛ چۈنكى سۇلار شۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدۇ، ۋە دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ؛ دەريا نەگە ئاقسا، شۇ يەرنىڭ ھەممىسى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. \f □ \fr 47:9 \ft \+bd «جۈپ دەريا»\+bd* ــ يۇقىرىقى ئايەتلەردە «بىر دەريا» تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن، نېمىشقا «جۈپ دەريا» دېيىلىدۇ؟ بۇنىڭ سىرلىق مەنىسى پەقەت تەۋراتتىكى «زەك.» 8:14-ئايەتتە يېشىلىدۇ. چۈنكى يەنە بىر دەريا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ غەربىي تەرەپكىمۇ ئېقىپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غا كىرىدۇ. «يو.» 18:3نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 10 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بېلىقچىلار دېڭىز بويىدا تۇرىدۇ؛ ئەن-گەدىدىن ئەن-ئەگلائىمگىچە ئۇلارنىڭ تورلىرى يېيىلىدىغان جايلىرى بولىدۇ؛ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز»دىكىدەك بەك كۆپ سورتلىرى بولىدۇ؛ \v 11 بىراق ئۇنىڭ زەي-سازلىقلىرى ساقايتىلمايدۇ؛ ئۇلار شورلۇق بولۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ. \m \v 12 دەريا بويىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئوزۇق بولىدىغان ھەرخىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشمايدۇ، ئۇلار مېۋىسىز قالمايدۇ؛ ئۇلار ھەر ئايدا يېڭىدىن مېۋىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سۇغىرىدىغان سۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېۋىسى ئوزۇق، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دورا-دەرمانلار بولىدۇ.\x + \xo 47:12 \xt ۋەھ. 22‏:2\x* \b \m \s1 زېمىننى قەبىلىلەر ئۈچۈن بۆلۈش \m \v 13 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ تۆۋەندە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە زېمىن مىراس سۈپىتىدە بۆلۈنۈپ تەقسىم قىلىنىپ چېگرالار ئايرىلىدۇ؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ. \f □ \fr 47:13 \ft \+bd «يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ»\+bd* ــ لاۋىي قەبىلىسى زېمىنغا ئىگە بولمايدۇ. يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى، ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىككى قەبىلە ھېسابلىنىدۇ («يار.» 17:48-20نى كۆرۈڭ).\f* \v 14 مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم ئىچكەندەك، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا باراۋەرلىك بىلەن زېمىننى مىراس بولۇشقا بۆلىسىلەر؛ ئۇ سىلەرگە مىراس بولىدۇ. \x + \xo 47:14 \xt يار. 12‏:7؛ 17‏:8؛ 26‏:3؛ 28‏:13\x* \m \v 15 زېمىننىڭ \add تۆت\add* تەرىپىنىڭ چېگراسى مۇنداق: شىمالىي تەرىپى، «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلىنىپ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، زەداد شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ \v 16 ئۇ خامات، بېروتاھ، سىبرائىم (دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، ھاۋراننىڭ چېگرىسىدا بولغان خازار-ھاتتىكون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ \v 17 شۇنىڭدەك «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلانغان چېگرا ھازار-ئېنانغىچە سوزۇلىدۇ؛ ئۇ دەمەشقنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ، خاماتنىڭ شىمالىي رايونىنىڭ چېگراسىغا تۇتىشىدۇ؛ بۇ بولسا شىمالىي تەرىپى بولىدۇ. \m \v 18 شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر. بۇ بولسا شەرق تەرىپى بولىدۇ. \f □ \fr 47:18 \ft \+bd ««ئۆلۈك دېڭىز»غىچە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەرقىي دېڭىزغىچە». \+bd «شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر شەرقىي چېگرىسىدىن، يەنى ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىن ۋە ئىئوردان دەرياسىدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر».\f* \v 19 جەنۇبىي تەرىپى بولسا، تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىدىن «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جەنۇبىي چېگرا بولىدۇ. \v 20 غەربىي تەرىپى بولسا «ئوتتۇرا دېڭىز»نىڭ ئۆزى، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ بۇ غەربىي چېگرىسى بولىدۇ. \m \v 21 سىلەر بۇ زېمىننى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىسى بويىچە ئۆز-ئاراڭلاردا ئۈلۈشۈشۈڭلار كېرەك. \v 22 شۇنداق بولۇش كېرەككى، سىلەر ئۆز-ئاراڭلار ۋە ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئاراڭلاردا بالىلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئۇنى مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇلار سىلەر بىلەن تەڭ چەك تاشلاپ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن مىراس ئالسۇن. \m \v 23 مۇساپىر قايسى قەبىلە ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، سىلەر شۇ يەردىن ئۇنىڭغا مىراس تەقسىم قىلىسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 48 \s1 شىمالىي تەرەپتىكى يەتتە قەبىلە \m \v 1 تۆۋەندە قەبىلىلەر نامى بويىچە تىزىملىنىدۇ؛ شىمال تەرىپىدە دان قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشى بار. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شىمالىي چېگرىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە ۋە ھازار-ئېنان شەھىرىگىچە سوزۇلغان (ھازار-ئېنان دەمەشق چېگرىسىغا يانداش بولۇپ، دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى خامات شەھىرىنىڭ يېنىدا). ئۇنىڭ ئۈلۈشى شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغاندۇر.\f □ \fr 48:1 \ft \+bd «خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە...»\+bd* ــ ياكى «لىبو-خامات شەھىرىگىچە...».\f* \m \v 2 داننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئاشىر قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 3 ئاشىرنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن نافتالى قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 4 نافتالىنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 5 ماناسسەھنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 6 ئەفرائىمنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن رۇبەن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 7 رۇبەننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \b \m \s1 ئوتتۇرىدىكى ئۈلۈش \m \v 8 يەھۇدانىڭ چېگرىسىغا تۇتاشقان، شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغان زېمىن، سىلەرنىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈلۈشتىكىدەك بولىدۇ؛ مۇقەددەس جاي ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. \m \v 9 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، كەڭلىكى ئون مىڭ \add خادا\add* بولىدۇ. \v 10 بۇ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» كاھىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شىمالىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، غەربىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ \add خادا\add*، شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ \add خادا\add*، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add* بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. \m \v 11 بۇ يەر زادوك ئەۋلادلىرىدىن بولغان، پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. ئىسرائىل ئېزىپ كەتكەندە، ئۇلار لاۋىيلار ئېزىپ كەتكەندەك ئېزىپ كەتمىگەن، بەلكى مەن تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتكە سادىق بولغانىدى. \v 12 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەر بولسا پۈتۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان زېمىننىڭ ئىچىدىن بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسە» دەپ بىلىنسۇن. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقان بولىدۇ.\f □ \fr 48:12 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەر بولسا پۈتۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان زېمىننىڭ ئىچىدىن بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسە» دەپ بىلىنسۇن. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقان بولىدۇ»\+bd* ــ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بۇ يەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولىدۇ؛ خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 13 كاھىنلارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ چېگرىسىغا تۇتاش بولغان يەر لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، كەڭلىكى ئون مىڭ \add خادا\add*. پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، كەڭلىكى ئون مىڭ \add خادا\add* بولىدۇ. \v 14 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەرنى ھېچ ساتمايدۇ ياكى ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئېسىلىنى باشقىلارغا ھېچ ئۆتكۈزمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس دەپ ئاتالغان. \m \v 15 قالغان يەر، كەڭلىكى بەش مىڭ \add خادا\add*، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، ئادەتتىكى يەر بولۇپ، شەھەر ئۈچۈن، يەنى ئۆيلەر ۋە ئورتاق بوش يەر ئۈچۈن بولىدۇ. شەھەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. \v 16 شەھەرنىڭ ئۆلچەملىرى مۇنداق بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز \add خادا\add*، جەنۇبىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز \add خادا\add*، شەرقىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز \add خادا\add*، ۋە غەربىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز \add خادا\add* بولىدۇ. \v 17 شەھەرنىڭ بوش يەرلىرى بولسا، شىمالغا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك \add خادا\add* كەڭلىكتە، جەنۇبقا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك \add خادا\add* كەڭلىكتە، شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك \add خادا\add* كەڭلىكىدە، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك \add خادا\add* كەڭلىكتە بولىدۇ. \v 18 قالغان ئىككى پارچە يەر مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىپ ئۇنىڭغا پاراللېل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ \add خادا\add*، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ \add خادا\add*؛ بۇلار مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىدۇ؛ بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. \v 19 ئۇنى تېرىيدىغانلار، يەنى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن بولىدۇ. \m \v 20 پۈتكۈل «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add*، كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add* بولىدۇ؛ سىلەر بۇ تۆت چاسىلىق مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە شەھەرگە تەۋە جايلارنىمۇ قوشۇپ سۇنىسىلەر. \m \v 21 مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بىلەن شەھەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى قالغان زېمىنلەر شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە يانداش شەرقتىن شەرققە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add* كەڭلىكتىكى يەر ۋە غەربتىن غەربكە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ \add خادا\add* كەڭلىكتىكى يەر \add قەبىلىلەرنىڭ\add* ئۈلۈشلىرىگە پاراللېل بولۇپ، بۇلار شاھزادە ئۈچۈندۇر؛ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، \v 22 شۇنىڭدەك لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى ۋە شەھەرنىڭ ئىگىلىكىمۇ شاھزادىنىڭ تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. يەھۇدانىڭ چېگرىسى ۋە بىنيامىننىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ زېمىنلار شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. \b \m \s1 جەنۇبىي تەرەپتىكى بەش قەبىلە \m \v 23 قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى بولسا: ــ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن شەرقتىن غەرب تەرەپكە سوزۇلغان بىر ئۈلۈشى بولىدۇ. \m \v 24 بىنيامىننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن شىمېئون قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 25 شىمېئوننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 26 ئىسساكارنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 27 زەبۇلۇننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن گاد قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. \m \v 28 گادنىڭ يان تەرىپى، يەنى جەنۇبىي تەرىپى، پۈتكۈل زېمىننىڭ جەنۇبىي چېگرىسى تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن \add مىسىر\add* ۋادىسىنى بويلاپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. \v 29 بۇ سىلەر ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىگە مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىدىغان زېمىن بولىدۇ؛ بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\fig كېلىچەكتە، قانائان زېمىنىنىڭ تەقسىم قىلىنىسى|src="btl-ezekiel-division-land-uara.jpg" size="span" ref="«ئ‍ەز.» 48" \fig* \b \m \s1 شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى \m \v 30 تۆۋەندە شەھەرنىڭ چىقىش يوللىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك \add خادا\add* بولىدۇ؛ \v 31 شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ نامى بويىچە بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپىدە ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى رۇبەننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى يەھۇدانىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى لاۋىينىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ \v 32 شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك \add خادا\add*، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى يۈسۈپنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى بىنيامىننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى داننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. \v 33 جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۆلچىمى تۆت يۈز ئەللىك \add خادا\add*، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى شىمېئوننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئىسساكارنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى زەبۇلۇننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. \v 34 شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك \add خادا\add*، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى گادنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئاشىرنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى نافتالىنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. \m \v 35 جەمئىي بولۇپ ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئون سەككىز مىڭ \add خادا\add* بولىدۇ؛ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەرنىڭ نامى: «پەرۋەردىگار شۇ يەردە» بولىدۇ.