\id EXO \h مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ \toc1 مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ \toc2 مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ \toc3 مىس. \mt1 مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ \c 1 \s1 ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابلىرى \m \v 1 ۋە تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل \add بىلەن بىللە\add* مىسىرغا بارغان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى (ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغانىدى): ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ۋە»\+bd* ــ «ۋە» دېگەن بۇ سۆز «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابنىڭ «يارىتىلىش» دېگەن كىتاب بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «يار.» 26:50نى كۆرۈڭ. \+bd «ئىسرائىل»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەنىدى («يار.» 28:32، 10:35نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:1 \xt يار. 46‏:8؛ مىس. 6‏:14. \x* \v 2 رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، \v 3 ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، \v 4 دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشىر. \v 5 ئەمدى ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ مىسىردا ئىدى.\x + \xo 1:5 \xt يار. 46‏:27؛ قان. 10‏:22؛ روس. 7‏:14. \x* \m \v 6 كېيىن يۈسۈپ، ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى. \v 7 شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىللار كۆپ تۇغۇلۇپ، تېز ئاۋۇپ، ئىنتايىن كۈچەيدى؛ ئۇلار زېمىنغا بىر كەلدى.\x + \xo 1:7 \xt قان. 26‏:5؛ روس. 7‏:17\x* \v 8 ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «يۈسۈپنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر پادىشاھ»\+bd* ــ بەلكىم «ھىكسوس پىرەۋنلەر» سۇلالىسىنى ئاغدۇرغان كىشى «ئاقموس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 1570-1546-يىللار) بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 1:8 \xt روس. 7‏:18\x* \v 9 ئۇ خەلقىگە: مانا، ئىسرائىللارنىڭ خەلقى بىزدىن زىيادە ئاۋۇپ ھەمدە بىزدىنمۇ كۈچلىنىپ كەتتى. \v 10 ئەمدى بىز ئۇلارغا نىسبەتەن ئاقىلانە ئىش تۇتايلى؛ بولمىسا، ئۇلار تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ، مۇبادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار دۈشمەنلىرىمىز تەرەپكە ئۆتۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇرتتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى.\x + \xo 1:10 \xt روس. 7‏:19\x* \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇلارنى قاتتىق ئەمگەكلەر بىلەن خارلاش ئۈچۈن ئىش باشلىرىنى تەيىنلەپ نازارەتچىلىككە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پىرەۋن ئۈچۈن پىتوم بىلەن رائامسەس دېگەن ماددىي ئەشيا ساقلايدىغان شەھەرلەرنى ياساپ بەردى. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «رائامسەس»\+bd* ــ باشقا يەرلەردە «رامسەس» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \v 12 لېكىن ئۇلارنى \add قانچە\add* ئەزگەنسېرى، بۇلار شۇنچە كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئىسرائىللار تۈپەيلىدىن ئازار يېدى».\f*  \x + \xo 1:12 \xt زەب. 105‏:24-25\x* \v 13 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىتىپ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. \v 14 مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، خىش-كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىزلارنىڭ ھەرخىل ئەمگەكلىرىگە سېلىپ، ئىشنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق ئېغىرچىلىق سالدى؛ ئۇلارنى نېمە ئەمگەككە سالمىسۇن، ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. \m \v 15 مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى):\f □ \fr 1:15 \ft «ئىبرانىيلار» ــ يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 16 ــ سىلەر قاچانلىكى ئىبرانىي خوتۇنلارنى تۇغدۇرساڭلار، تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار؛ بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز بولسا، تىرىك قويۇڭلار، ــ دېدى.\f □ \fr 1:16 \ft «تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «توغۇت ئورۇندۇقىدا سەپسېلىپ قاراڭلار».\f* \m \v 17 لېكىن تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا ئېيتقاندەك قىلماي، بەلكى ئوغۇل بوۋاقلارنى تىرىك قويدى. \m \v 18 شۇڭا مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ئوغۇل بالىلارنى نېمىشقا تىرىك قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 19 تۇغۇت ئانىلىرى پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ ئىبرانىي ئاياللار مىسىرلىق ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك، ساغلام-تىمەن بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇت ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، ــ دېدى. \m \v 20 نەتىجىدە، خۇدا تۇغۇت ئانىلىرىغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئىسرائىل خەلقى داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. \v 21 شۇنداق بولدىكى، تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقىدىغان ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ئائىلىلىك بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. \m \v 22 بۇنىڭ بىلەن پىرەۋن بارلىق پۇخرالىرىغا: ــ ئىسرائىللاردىن يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تاشلاڭلار، لېكىن قىز بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇرۇڭلار، دەپ ئەمر قىلدى.\f □ \fr 1:22 \ft \+bd «دەريا»\+bd* ــ مەزكۇر كىتابتا «دەريا» پەقەت نىل دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردا ھېچقانداق باشقا چوڭ دەريا يوق. بۈگۈنگە قەدەر مىسىرلىقلار «دەريا» دېسە، پەقەت نىل دەرياسىنىلا كۆرسىتىدۇ. \fp مۇشۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن زامانلاردا مىسىرلىقلار يەنە نىل دەرياسىنى «ئۆز ئىلاھلىرىمىزدىن بىرى» دەپ ھېسابلاپ ئۇنىڭغا چوقۇناتتى.\f*  \x + \xo 1:22 \xt روس. 7‏:19\x*  \fig مىسىر ئىمپېرىيەسى|src="egyptianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 1-14" \fig* \b \b \m \c 2 \s1 مۇسانىڭ دۇنياغا كېلىشى \m \v 1 لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. \x + \xo 2:1 \xt مىس. 6‏:20؛ چۆل. 26‏:59\x* \v 2 بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى. \x + \xo 2:2 \xt 1تار. 23‏:13؛ روس. 7‏:20؛ ئىبر. 11‏:23\x* \v 3 ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. \f □ \fr 2:3 \ft \+bd «سېۋەت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساندۇق» ــ بۇ سۆز «يار.» 14:6دە نۇھ پەيغەمبەر ياسىغان «كېمە»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. \+bd «دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى»\+bd* ــ مىسىرلىقلار نىل دەرياسىنى ئىلاھ دەپ قارىغاچقا، مىسىرلىق ئاياللارنىڭ نىل دەرياسىدا دائىم يۇيۇنۇش ئادىتى بار ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ شۇنداق قىلىشى مىسىرلىق بىر ئايالنىڭ ئۇنى تېپىۋېلىپ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ بېقىۋالسۇن، دېگەننى مەقسەت قىلغانىدى.\f* \v 4 ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى. \v 5 ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. \f □ \fr 2:5 \ft \+bd «سېۋەتنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساندۇقنى». 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:5 \xt روس. 7‏:21؛ ئىبر. 11‏:23\x* \v 6 ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى. \m \v 7 ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 8 پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. \v 9 پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى. \m \v 10 بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «مۇسا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مۇسا» دېگەن سۆز «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداشتۇر؛ قەدىمكى مىسىر تىلىدا «سۇنىڭ بالىسى» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. ئاخىرىدا مۇسانىڭ شەرەپلىك بۇرچى ئىسرائىلنى «سۇ (يەنى، قىزىل دېڭىز)دىن ياكى سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ چىقىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. \fp ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلسا، پىرەۋنلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچە «موس» ياكى «موسىس» دېگەن قوشۇمچە بىلەن ئاخىرلاشقىنىنى بايقىيالايدۇ.\f* \b \m \s1 مۇسانىڭ ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولۇشى ۋە مىدىيان دۆلىتىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشى \m \v 11 مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. \x + \xo 2:11 \xt روس. 7‏:23؛ ئىبر. 11‏:25،24\x* \v 12 ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى. \v 13 ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى. \m \v 14 ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. \m مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى.\x + \xo 2:14 \xt روس. 7‏:27\x* \m \v 15 پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. \x + \xo 2:15 \xt روس. 7‏:29\x* \v 16 مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى. \v 17 ئۇ ۋاقىتتا \add يەرلىك\add* پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى. \m \v 18 ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 19 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى. \m \v 20 ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى. \m \v 21 مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. \m \v 22 ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى. \f □ \fr 2:22 \ft \+bd «گەرشوم»\+bd* ــ مۇشۇ ئىسىم «ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. مۇسانىڭ تۇنجى بالىسىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشى بەلكىم خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرماقچى بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ شۇ يەردە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 2:22 \xt مىس. 18‏:2، 3\x* \m \v 23 نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى. \v 24 خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. \x + \xo 2:24 \xt يار. 15‏:14\x* \v 25 شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى. \b \b \m \c 3 \s1 خۇدانىڭ مۇسانى چاقىرىشى \m \v 1 مۇسا بولسا قېينئاتىسى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترونىڭ قوي پادىسىنى باقاتتى. ئۇ قويلارنى باشلاپ چۆلنىڭ ئەڭ چېتىگە خۇدانىڭ تېغى، يەنى ھورەب تېغىنىڭ باغرىغا كەلدى.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «يەترو»\+bd* ــ رېئۇئەلنىڭ يەنە بىر ئىسمى. بەزىدە «يەتەر» دەپمۇ يېزىلىدۇ. \+bd «ئۇ قويلارنى باشلاپ...»\+bd* ــ ئوتتۇرا شەرقتە پادىچىلار ئادەتتە قويلىرىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. \+bd «ھورەب»\+bd* ــ سىناي تېغىنىڭ يەنە بىر نامى.\f* \v 2 شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»\+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى. «تەبىرلەر» ھەم «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 3 مۇسا: ــ مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ــ دەپ ئويلىدى. \m \v 4 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى يولدىن چەتنەپ \add ئازغانلىققا\add* كەلگىنىنى كۆردى؛ خۇدا ئازغانلىق ئىچىدىن ئۇنى: ــ مۇسا! مۇسا! ــ دەپ چاقىردى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «مۇسا، مۇسا»\+bd* ــ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ــ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر. \f □ \fr 3:5 \ft \+bd «مۇقەددەس جاي»\+bd* ــ «مۇقەددەس كىتاب»تا، «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا مەخسۇس ئاتالغان»، «خۇدانىڭ ئىشلىتىشىگە مەخسۇس ئايرىلغان»، «خۇداغىلا مەنسۇپ» دېگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:5 \xt يە. 5‏:15\x* \v 6 مەن ئاتاڭنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن، ــ دېدى. \m بۇنى ئاڭلاپ مۇسا خۇداغا قاراشتىن قورقۇپ، يۈزىنى ئېتىۋالدى.\x + \xo 3:6 \xt مات. 22‏:32؛ مار. 12‏:26؛ لۇقا 20‏:37؛ روس. 7‏:32\x* \m \v 7 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرۇۋاتقان قوۋمىمنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆردۇم، نازارەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى \add خارلاۋاتقانلىقىدىن\add* قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىم؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى بىلىمەن. \x + \xo 3:7 \xt روس. 7‏:34\x* \v 8 شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم. \v 9 مانا ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. \v 10 ئەمدى سەن كەل، مەن سېنى خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈن پىرەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 3:10 \xt زەب. 105‏:26؛ ھوش. 12‏:14؛ مىك. 6‏:4؛ روس. 7‏:35\x* \m \v 11 لېكىن مۇسا خۇداغا: ــ مەن كىم ئىدىم، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقىرالىغۇدەك؟ ــ دېدى. \m \v 12 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ، ــ دېدى.ۈ\f □ \fr 3:12 \ft \+bd «سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ»\+bd* ــ قىزىق ئىش شۇكى، خۇدا مۇساغا كۆرسەتمەكچى بولغان ئىسپات-بەلگە ئۇ خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ؛ دېمەك، مۇسانىڭ ئىمان-ئېتىقادى شۇنىڭ بىلەن سىنىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:12 \xt يە. 1‏:5\x* \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ــ دېدى. \m \v 14 خۇدا مۇساغا: ــ مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن ــ دېدى. \m ئاندىن ئۇ: ــ بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى.\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن»\+bd* ــ ياكى «مەن ئەسلى ئۆزۈمدۇرمەن» ياكى «ھەمىشە بارنىڭ ئۆزى مەندۇرمەن». بۇ نام (ئىبرانىي تىلىدا «ياھۋەھ»)، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ھېچ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەردائىم «ۋاقىتتىن سىرت»تا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆتمۈش، ھازىر ياكى كەلگۈسى ۋاقىتلار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تەكىتلەيدۇ. ئادەتتە تەرجىمىمىزدە بۇ نام «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.\f* \m \v 15 خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: \add ياھۋەھ دېگەن\add* بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن.\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «ياھۋەھ»\+bd* ــ دائىم تەرجىمىمىزدە «پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ توغرۇلۇق 14:3تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛ \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «يوقلاش»\+bd* ــ بۇ پېئىل خۇدا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلگەن بولسا، غەمخورلۇق قىلىش، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 17 شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈم شۇدۇركى، مەن سىلەرنى مىسىرنىڭ زۇلۇمىدىن چىقىرىپ، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن، دېدى، ــ دېگىن، دېدى. \m \v 18 ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغان بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سەن، ئۆزۈڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئەمدى سىزدىن ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلگە بېرىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيسىز» ــ دەڭلار. \m \v 19 لېكىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ھەتتا قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ ئاستىدا تۇرۇپمۇ، سىلەرنى يەنىلا قويۇپ بەرمەيدىغىنىنى بىلىمەن. \v 20 شۇڭا قولۇمنى ئۇزىتىپ، مىسىرلىقلارنى مەن ئۆز زېمىنى ئىچىدە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرخىل كارامەت-مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇرىمەن؛ ئاندىن \add پىرەۋن\add* سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. \m \v 21 بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتۇرىمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر شۇ يەردىن چىققىنىڭلاردا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. \v 22 بەلكى ھەربىر ئايال كىشى ئۆز قوشنىسىدىن ۋە ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق يات ئايالدىن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلارغا تاقايسىلەر، كىيدۈرىسىلەر؛ شۇ تەرىقىدە مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئالغان بولىسىلەر، ــ دېدى.\x + \xo 3:22 \xt مىس. 11‏:2؛ 12‏:35؛ ئ‍ەز. 39‏:10\x* \b \b \m \c 4 \s1 خۇدانىڭ مۇساغا ئالاھىدە ئىقتىدار ئاتا قىلىشى \m \v 1 مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي تۇرۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمايدۇ، بەلكى: «پەرۋەردىگار ساڭا كۆرۈنمىدى»، دېيىشى مۇمكىن، دېدى. \m \v 2 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭدىكى بۇ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. \m ئۇ: ــ بۇ بىر ھاسا، دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 3 ئۇ: ــ ئۇنى يەرگە تاشلا، دېدى. ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى؛ مۇسا ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. \v 4 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ئۇنى قۇيرۇقىدىن تۇت، دېۋىدى، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قولىدا ھاسىغا ئايلاندى. \m \v 5 \add پەرۋەردىگار يەنە\add*: ــ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ، ــ دېدى. \m \v 6 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. \m \v 7 ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، قولىنى قوينىغا سالدى. ئۇنى يەنە قوينىدىن چىقىرىۋىدى، مانا، ئۆز ئەكسىگە كېلىپ ئەتلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدەك بولدى. \m \v 8 پەرۋەردىگار يەنە: ــ شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ. \f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىسا، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتنىڭ گېپىگە ئىشىنىدۇ».\f* \v 9 ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە يەنىلا ئىشەنمىسە ۋە يا سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنداقتا سەن \add نىل\add* دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆككىن. شۇنىڭ بىلەن سەن دەريادىن ئالغان سۇ قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ، دېدى.\x + \xo 4:9 \xt مىس. 7‏:19\x* \m \v 10 ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ ئەي ئىگەم، مەن ئەسلىدىنلا گەپكە ئۇستا ئەمەستىم، سەن قۇلۇڭغا سۆز قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق؛ چۈنكى مەن ئاغزىم كالۋا ۋە تىلىم ئېغىر ئادەممەن، ــ دېدى. \m \v 11 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىم ئىنسانغا ئېغىز بەرگەن؟ كىم ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرگۈچى ياكى كور قىلغان؟ شۇنداق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ \v 12 ئەمدى سەن بارغىن، مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە سۆزلەيدىغىنىڭنى ساڭا ئۆگىتىپ تۇرىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 4:12 \xt مات. 10‏:19؛ مار. 13‏:11؛ لۇقا 12‏:12\x* \m \v 13 لېكىن ئۇ: ــ ئەي ئىگەم! سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن \add بۇ ئىشقا\add* خالىغان \add باشقا\add* بىرسىنى ئەۋەتىپ، شۇنىڭ قولى بىلەن قىلغىن! ــ دېدى. \m \v 14 بۇنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى مۇساغا تۇتىشىپ: ــ لاۋىيلاردىن بولغان ئاكاڭ ھارۇن بار ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ گەپنى ئوبدان قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن. مانا، ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭغا چىقىشقا ئاللىقاچان يولغا چىقتى؛ ئۇ سېنى كۆرسە، كۆڭلى تولىمۇ خۇش بولىدۇ. \v 15 ئەمدى دەيدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيت؛ مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىڭلارنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. \f □ \fr 4:15 \ft \+bd «ئەمدى دەيدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئاغزىغا دەيدىغان سۆزلەرنى سالغىن».\f*  \x + \xo 4:15 \xt مىس. 7‏:2\x* \v 16 ھارۇن سېنىڭ ئورنۇڭدا خەلققە سۆزلەيدۇ؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ ساڭا ئېغىز بولىدۇ، سەن ئۇنىڭغا خۇدادەك بولىسەن. \v 17 بۇ ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىسەن، ــ دېدى. \b \m \s1 مۇسانىڭ مىسىرغا قايتىشى \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېينئاتىسى يەترونىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىجازەت بەرگەيلا، مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا باراي، ئۇلار ھاياتمۇ، ئەمەسمۇ كۆرۈپ كېلەي، دېدى. يەترو مۇساغا: ــ ئامان-ئېسەن بېرىپ كەلگىن، ــ دېدى. \m \v 19 مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــمىسىرغا يېنىپ بارغىن! چۈنكى سېنىڭ جېنىڭنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، ــ دېدى. \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى بىر ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىر زېمىنىغا بېرىشقا يولغا چىقتى. ماڭغاندا مۇسا خۇدانىڭ ھاسىسىنى ئالغاچ كەتتى. \m \v 21 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىرغا يېنىپ بارغىنىڭدا سەن ئاگاھ بول، مەن قولۇڭغا تاپشۇرغان بارلىق كارامەتلەرنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خەلقنى قويۇپ بەرمىگۈدەك قاتتىق قىلىمەن. \m \v 22 سەن پىرەۋنگە: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ. \v 23 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا: ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر، دېدىم. ئۇنىڭغا يول قويۇشنى رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن» ــ دېگىن، ــ دېدى.\f □ \fr 4:23 \ft \+bd «ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر، دېدىم. ئۇنىڭغا يول قويۇشنى رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن»\+bd* ــ ياكى «ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەرگىن دېگەن بولساممۇ، سەن ئۇنى قويۇپ بەرمىدىڭ. بۇ سەۋەبتىن مەن ئەمدى سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن».\f* \m \v 24 ئەمما مۇسا سەپەر قىلىپ بىر قونالغۇغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. \v 25 شۇنىڭ بىلەن زىپپوراھ بىر چاقماق تېشىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى ئېرىنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ: ــ سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر ئەر ئىكەنسەن! ــ دېدى.\f □ \fr 4:25 \ft \+bd «..خەتنىلىكىنى ... ئايىغىغا تاشلاپ»\+bd* ــ ياكى «...خەتنىلىكىنى .... ئايىغىغا تەگكۈزۈپ». \+bd «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر ئەر ئىكەنسەن!»\+bd* ــ زىپپوراھنىڭ بۇ سۆزى ۋە بۇ سىرلىق ۋەقە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \m \v 26 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى).\f □ \fr 4:26 \ft \+bd «خەتنە تۈپەيلىدىن...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «خەتنە» كۆپلۈك شەكلىدە ــ «خەتنىلەر».\f* \m \v 27 پەرۋەردىگار ھارۇنغا: ــ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسا بىلەن كۆرۈشكىن، دېۋىدى، ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ تېغىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى سۆيدى. \m \v 28 مۇسا ئۆزىنى ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرى بىلەن قىلىشقا بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھارۇنغا دەپ بەردى. \v 29 ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بېرىپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى. \v 30 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلدى ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. \v 31 بۇنى كۆرۈپ، خەلق ئىشەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى يوقلاپ، ئۇلار ئۇچرىغان خارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. \b \b \m \c 5 \s1 مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پىرەۋن بىلەن كۆرۈشۈشى \m \v 1 ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «ئۇلارنىڭ بېرىپ چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە قوۋمىمغا يول قويسۇن» دەيدۇ، ــ دېدى. \m \v 2 لېكىن پىرەۋن جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنى ئىسرائىلغا يول قويغۇزىدىغان قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن ھەم ئىسرائىلغىمۇ يول قويمايمەن، دېدى.\x + \xo 5:2 \xt مىس. 3‏:19؛ ئايۇپ 21‏:15\x* \m \v 3 ئۇلار سۆز قىلىپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى.\x + \xo 5:3 \xt مىس. 3‏:18\x* \m \v 4 لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا ئىككىڭلار خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويماقچى بولىسىلەر؟ بېرىپ ئۆز ئەپكىشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ــ دېدى. \m \v 5 پىرەۋن يەنە: ــ مانا، خەلق يۇرتتا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى ئەپكەشلىرىدىن خالاس قىلماقچىسىلەر، دېدى. \m \v 6 شۇ كۈنى پىرەۋن نازارەتچىلەرگە ۋە نازارەتچىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ــ \m \v 7 ھازىردىن باشلاپ خەلققە ئىلگىرىكىدەك كېسەك قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار! ئۇلار ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. \v 8 لېكىن ئىلگىرى قانچىلىك كېسەك قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىھەم كەم قىلماي شۇنچىلىك كېسەك قۇيدۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ھۇرۇنلىشىپ: «خۇدايىمىزغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بىزنى بارغىلى قوي» دەپ غەلۋە قىلىشىۋاتىدۇ. \v 9 ئەمدى ئۇلارنى ئۆز ئىشىغا تولۇق بەند بولۇپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى يۈكلەڭلار، ــ دېدى. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر بىلەن ئىش باشلىرى چىقىپ خەلققە: پىرەۋن شۇنداق دېدىكى، مەن ئەمدى سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم. \v 11 ئۆزۈڭلار بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، شۇ يەردىن ئېلىپ كېلىڭلار؛ لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار بولسا قىلچىلىكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ، ــ دېدى. \m \v 12 بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تارىلىپ، ساماننىڭ ئورنىغا پاخال يىغىشقا باشلىدى. \m \v 13 نازارەتچىلەر بولسا ئۇلارنى قىستاپ: سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھازىرمۇ ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى قىلىڭلار، دېدى. \m \v 14 ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە: ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى. \m \v 15 ئاندىن ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: نېمىشقا ئۆز قۇللىرىغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ \v 16 ئۆز قۇللىرىغا ھېچ سامان بېرىلمىدى. لېكىن \add نازارەتچىلەر\add* يەنىلا «كېسەك قۇيدۇرۇڭلار» دەپ بىزنى بۇيرۇيدۇ. مانا، ئۆز قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ، ئەمما ئەيىب بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىدە، دەپ پەرياد قىلدى. \m \v 17 لېكىن ئۇ يەنە: ــ سىلەر ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! شۇڭا سىلەر: «بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئىجازەت بەر دەۋاتىسىلەر. \v 18 قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، بىراق كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن سان بويىچە \add ئاۋۋالقىدەك\add* تولۇق تاپشۇرۇشىسەن، دېدى. \v 19 ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى \add پىرەۋننىڭ\add*: «سىلەر ھەركۈنلۈك ۋەزىپەڭلارنى، يەنى تەلەپ قىلغان كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن ساندىن كېمەيتسەڭلار قەتىي بولمايدۇ» دېگىنىگە قاراپ، بېشىغا بالا-قازانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشتى. \v 20 ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىپ شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. \v 21 ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: ــ بىزنى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە سېسىتىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇلارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم قىلسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 5:21 \ft \+bd «ئەمەلدارلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خىزمەتكارلىرى» ياكى «قۇللىرى». گەرچە مۇشۇ كىشىلەر پىرەۋننىڭ ئوردىسىدا ئەمەلدارلىق ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا پىرەۋننىڭ «قۇللىرى» دەپ ھېسابلانغان بولسا كېرەك.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئازاد قىلىشقا ۋەدە قىلىشى \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتىڭ؟ \v 23 چۈنكى مەن پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ زىيادە ئازاب قىلغىلى تۇردى. ئەمما سەن تېخىچە قوۋمىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ، ــ دېدى. \b \b \m \c 6 \m \v 1 لېكىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ قۇدرەتلىك بىر قولدىن مەجبۇرلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 2 ئاندىن خۇدا مۇساغا \add يەنە\add* سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \v 3 مەن ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا قادىر-مۇتلەق تەڭرى سۈپىتىدە كۆرۈندۈم؛ لېكىن «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم. \f □ \fr 6:3 \ft \+bd «ياھۋەھ»\+bd* ــ مۇشۇ نامنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 مەن ئۇلار بىلەن: ــ «سىلەر مۇساپىر بولۇپ ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە باغلىشىپ ۋەدە قىلغانمەن. \v 5 ئەمدى مەن مىسىرلىقلار قۇل قىلىپ زۇلۇم سالغان ئىسرائىللارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، قىلغان شۇ ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. \m \v 6 شۇڭا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن ئۆزۈم سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىپ، قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، سىلەرگە ھەمجەمەت بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. \f □ \fr 6:6 \ft \+bd «سىلەرگە ھەمجەمەت بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گائال» دېگەن بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ پېئىل توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 7 سىلەرنى ئۆز قوۋمىم بولۇشقا قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۆزۈم خۇدايىڭلار بولىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغۇچىنىڭ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. \v 8 مەن شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى قول كۆتۈرۈپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن؛ مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ زېمىنلىققا بېرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». \m \v 9 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ئىسرائىللارغا دەپ بەردى؛ لېكىن ئۇلار ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن پىغانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى.\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «پىغانغا چۈشكەن بولۇپ،...»\+bd* ــ ياكى «سەۋرسىزلىكتىن چىدىماي،...»\f* \m \v 10 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ \v 11 بېرىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە: «ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىڭدىن كېتىشىگە يول قوي»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. \m \v 12 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: مانا، ئىسرائىللار ماڭا قۇلاق سالمىغان يەردە، پىرەۋن قانداقمۇ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر ئادەمگە قۇلاق سالسۇن؟ ــ دېدى.\f □ \fr 6:12 \ft \+bd «كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بىلەن مۇسا ئۆزىنىڭ ئاغزى كالۋا بولۇپلا قالماي، يەنە (ئۆزىنىڭ 10:4-17دە خاتىرىلەنگەن خۇداغا بولغان قاقشاشلىرىنى ئەسلەپ) ئۆزىنىڭ خۇدا ئالدىدا خېلى نالايىق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، گەپ-سۆزدە گۇناھى بار ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسەتمەكچى.\f* \m \v 13 ئەمما پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارغا ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە ئىسرائىللار توغرۇلۇق: ــ «ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىرىلسۇن» دېگەن ئەمر يەتكۈزۈشىنى بۇيرۇدى. \b \m \s1 مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئەجدادلىرى، نەسەبنامىسى \m \v 14 تۆۋەندىكىلەر جەمەت باشلىقلىرى: ــ ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانۇق، پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. بۇلار بولسا رۇبەننىڭ نەسىللىرى ئىدى.\x + \xo 6:14 \xt يار. 46‏:9؛ چۆل. 26‏:5؛ 1تار. 5‏:3\x* \m \v 15 شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانلىق ئايالدىن بولغان سائۇللار ئىدى؛ بۇلار شىمېئوننىڭ نەسىللىرى ئىدى.\x + \xo 6:15 \xt يار. 46‏:10؛ چۆل. 26‏:12؛ 1تار. 4‏:24\x* \m \v 16 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، نەسەبنامىلىرىگە ئاساسەن: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى؛ لاۋىينىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى.\x + \xo 6:16 \xt يار. 46‏:11؛ چۆل. 3‏:17؛ 26‏:57؛ 1تار. 6‏:1-30\x* \m \v 17 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە: ــ لىبنى ۋە شىمەي.\x + \xo 6:17 \xt 1تار. 6‏:2؛ 23‏:7\x* \m \v 18 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئامرام، يىزھار، ھېبرون بىلەن ئۇززىئەل. كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى.\x + \xo 6:18 \xt 1تار. 6‏:3؛ 23‏:12\x* \m \v 19 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ماھلى ۋە مۇشى. بۇلار نەسەبنامىلىرى بويىچە لاۋىينىڭ نەسىللىرى ئىدى.\x + \xo 6:19 \xt 1تار. 6‏:4؛ 23‏:21\x* \m \v 20 ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى، يوكەبەد ئۇنىڭغا ھارۇن ۋە مۇسانى تۇغۇپ بەردى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى.\f □ \fr 6:20 \ft \+bd «ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى»\+bd* ــ شۇ چاغدا ئۆز ھاممىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش مەنئى قىلىنغان ئەمر («لاۋ.» 12:18-23) ئىسرائىلغا تېخى بېرىلمىگەنىدى.\f*  \x + \xo 6:20 \xt مىس. 2‏:1؛ چۆل. 26‏:59\x* \m \v 21 يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىدى. \m \v 22 ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ مىشائەل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىدى. \m \v 23 ھارۇن بولسا ناھشوننىڭ سىڭلىسىنى، يەنى ئاممىنادابنىڭ قىزى ئېلىشېبانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ناداب بىلەن ئابىھۇنى، ۋە ئەلىئازار بىلەن ئىتامارنى تۇغۇپ بەردى.\x + \xo 6:23 \xt چۆل. 3‏:2؛ 26‏:60؛ 1تار. 5‏:29؛ 24‏:1\x* \m \v 24 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاسسىر، ئەلكاناھ ۋە ئابىئاساف؛ بۇلار كوراھلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى. \m \v 25 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا فىنىھاسنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلار بولسا ئۆز نەسەبى بويىچە ھەممىسى لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلقلىرى ئىدى. \m \v 26 پەرۋەردىگارنىڭ: ــ ئىسرائىللارنى قوشۇنلاردەك توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىڭلار، دېگەن ئەمرىنى تاپشۇرىۋالغۇچىلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. \v 27 ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىرىلسۇن، دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە سۆز قىلغانلار دەل بۇ كىشىلەر، يەنى مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى. \b \m \s1 ھارۇننىڭ مۇساغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى \m \v 28 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ زېمىنىدا مۇساغا سۆز قىلغان ۋاقتىدا \v 29 مۇساغا: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە دېگىن»، دەپ ئەمر قىلدى. \m \v 30 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر كىشىگە پىرەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟» ــ دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.\x + \xo 6:30 \xt مىس. 6‏:12؛ مىس. 4‏:10\x* \b \b \m \c 7 \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن پىرەۋننىڭ ئالدىدا سېنى خۇدانىڭ ئورنىدا قىلدىم. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولىدۇ. \v 2 مەن ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى \add ئۇنىڭغا\add* دەيسەن؛ ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن پىرەۋنگە ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ. \f □ \fr 7:2 \ft \+bd «ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ھارۇن ئۆزى مۇسانىڭ سۆزلىرىنى پىرەۋنگە ياكى خەلققە يەتكۈزىدۇ.\f*  \x + \xo 7:2 \xt مىس. 4‏:14\x* \v 3 لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. \v 4 شۇنداقتىمۇ، پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما مەن مىسىرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ قولۇمنى ئۇزىتىپ، چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، قوشۇنلىرىم بولغان ئۆز قوۋمىم ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىمەن. \v 5 ئۆز قولۇمنى مىسىرنىڭ ئۈستىگە سوزغىنىمدا، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغىنىمدا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، ــ دېدى. \m \v 6 مۇسا بىلەن ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق تاپىلىغان بولسا، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. \b \m \v 7 ئۇلار پىرەۋنگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا مۇسا سەكسەن ياشقا، ھارۇن سەكسەن ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى. \b \m \s1 ھارۇننىڭ ھاسىسى \m \v 8 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: ــ \m \v 9 ئەمدى پىرەۋن سىلەرگە: ــ ئۆزۈڭلارنى تەستىقلاپ بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار، دېسە، سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، دەپ ئېيتقىن. شۇنداق قىلىشى بىلەنلا ھاسا يىلانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. \f □ \fr 7:10 \ft \+bd «پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى»\+bd* ــ مەزكۇر كىتابتا «پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «خىزمەتكارلىرى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 11 ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. \v 12 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى. \v 13 بىراق پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىقلىق بىلەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. \b \m \s1 بىرىنچى ئاپەت ــ قان ئاپىتى \m \v 14 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق؛ ئۇ قوۋمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. \v 15 ئەمدى سەن ئەتە سەھەردە پىرەۋننىڭ قېشىغا بارغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە دەريانىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغىن؛ يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىۋال. \v 16 سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مېنى ئالدىڭغا: «چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر» دېيىشكە ئەۋەتكەنىدى؛ لېكىن مانا، بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ ئاڭلىمىدىڭ. \v 17 شۇڭا پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «سەن شۇ \add ئالامەت\add* بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دەيدۇ ــ مانا، مەن قولۇمدىكى ھاسا بىلەن دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، \v 18 دەريانىڭ بېلىقلىرى ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ؛ مىسىرلىقلار سۇدىن سەسكىنىپ، ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ». \m \v 19 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى قانغا ئايلانسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلاردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ، دېگىن، دېدى. \m \v 20 مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن پىرەۋن ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرۇۋىدى، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى. \x + \xo 7:20 \xt مىس. 17‏:5؛ زەب. 78‏:44؛ 105‏:29\x* \v 21 دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتكۈل مىسىر زېمىنى قانغا تولدى. \v 22 لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛ \v 23 ئەكسىچە پىرەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پىسەنت قىلمىدى. \v 24 دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىگىنى ئۈچۈن بارلىق مىسىرلىقلار ئىچكۈدەك سۇ تېپىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئەتراپلىرىنى كولىدى. \m \v 25 پەرۋەردىگار دەريانى ئۇرۇپ، يەنە يەتتە كۈن ئۆتتى. \b \b \m \c 8 \s1 ئىككىنچى ئاپەت ــ پاقا ئاپىتى \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. \v 2 لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن. \v 3 دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، \add دەريادىن\add* چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ. \f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئورداڭغا»\+bd* ــ ياكى «ئۆيۈڭگە».\f* \v 4 پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» ــ دېگىن، ــ دېدى. \v 5 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن ــ دېدى. \v 6 شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى. \v 7 لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى. \v 8 پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى. \m \v 9 مۇسا پىرەۋنگە: ــ بوپتۇ، مەن ئىززىتىڭنى قىلاي، پەقەت دەريادىكى پاقىلارلا قېلىپ، باشقىلىرى ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن ئايرىلسۇن دەپ، سەن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن مېنىڭ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى بېكىتكىن، دېدى.\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «مەن ئىززىتىڭنى قىلاي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەندىن ئىززەتكە مۇيەسسەر بولغىن».\f* \m \v 10 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئەتە بولسۇن، دېدى. \m مۇسا ئۇنىڭغا: ــ خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئوخشاش ھېچبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن. \v 11 پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ پەقەت دەريادىلا قالىدۇ، دېدى. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى. \m \v 13 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىدەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىكى، ھويلىلاردىكى ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلار ئۆلدى. \m \v 14 خەلق ئۇلارنى يىغىپ دۆۋە-دۆۋە قىلدى، \add پۈتكۈل\add* يۇرت-زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى. \v 15 لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.\x + \xo 8:15 \xt مىس. 7‏:14\x* \b \m \s1 ئۈچىنچى ئاپەت ــ پاشا ئاپىتى \m \v 16 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:16 \ft \+bd «پاشىغا»\+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىسى: «پىتلار». باشقا خىل ھاشارەتلەرنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 17 ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى.\x + \xo 8:17 \xt زەب. 105‏:31\x* \v 18 جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى. \v 19 ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. \b \m \s1 تۆتىنچى ئاپەت ــ كۆكۈيۈنلەر ئاپىتى \m \v 20 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر! \m \v 21 چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ.\f □ \fr 8:21 \ft \+bd «كۆكۈيۈنلەر»\+bd* ــ بۇلارنىڭ قايسى ھاشارەت ئىكەنلىكى ھازىر بىزگە نامەلۇم. «زەب.» 45:78دە بۇ ھاشارەتلەر ئادەملەرنى چاقىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ، شۇڭا بۇ ھاشارەت كۆكۈيۈن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل چىۋىن بولسا كېرەك.\f* \m \v 22 لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن. \f □ \fr 8:22 \ft \+bd «...سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن»\+bd* ــ ياكى «...سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن».\f* \m \v 23 شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. \b \m \v 24 پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى. \x + \xo 8:24 \xt زەب. 78‏:45؛ 105‏:31\x* \v 25 پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: بېرىپ مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. \v 26 لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنداق قىلىش بىزگە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر. ئەمدى ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يامان كۆرۈنگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟ \f □ \fr 8:26 \ft \+bd «خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر»\+bd* ــ مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن «يىرگىنچلىك بولغىنى» قويلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار قويلارنى، شۇنداقلا قويچىلارنىمۇ يىرگىنچلىق دەپ قارىغان؛ لېكىن پايدىنى كۆزلەپ مىسىردىكى بەزى يەرلەردە قوي بېقىلاتتى («يار.» 34:46نى كۆرۈڭ). \fp مۇشۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە، مىسىرلىقلار بەزى ماللارغا (مەسىلەن، كالىلارنىڭ بەزى خىللىرىغا) چوقۇناتتى. ئەگەر ئىسرائىللار ئۇلار چوقۇنغان بىرخىل مالنى قۇربانلىق قىلسا، ئۇلار غەزەپلىنەتتى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 8:26 \xt يار. 43‏:32؛ 46‏:34\x* \v 27 بىز ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇشىمىز كېرەك، دېدى. \m \v 28 پىرەۋن: ــ سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چۆلدە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بارغىلى قويىمەن؛ پەقەت بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار، مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى. \v 29 مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن ۋە كۆكۈيۈنلەر سەن پىرەۋندىن، ئەمەلدارلىرىڭدىن ۋە خەلقىڭدىن ئەتە چىقىپ كېتىدۇ؛ لېكىن پىرەۋن يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشتىن توسقۇچى بولمىسۇن، دېدى. \m \v 30 مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلدى. \v 31 پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلدى؛ ئۇ كۆكۈيۈنلەرنى پىرەۋن، ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىرىۋەتتى؛ ھەتتا بىر تال كۆكۈيۈنمۇ قالمىدى. \m \v 32 لېكىن پىرەۋن بۇ قېتىممۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى.\x + \xo 8:32 \xt مىس. 8‏:11\x* \b \b \m \c 9 \s1 بەشىنچى ئاپەت ــ ۋابا ئاپىتى \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. \v 2 ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، \v 3 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. \v 4 لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» ــ دېگىن، دېدى. \v 5 پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ــ ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. \v 6 ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى. \v 7 پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. \b \m \s1 ئالتىنچى ئاپەت ــ چاقا ئاپىتى \m \v 8 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: ــ خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن. \v 9 شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، ــ دېدى. \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى. \v 11 جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى. \v 12 لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. \b \m \s1 يەتتىنچى ئاپەت ــ مۆلدۈر ئاپىتى \m \v 13 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە تاڭ سەھەر قوپۇپ، پىرەۋننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قوۋمىمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر؛ \v 14 چۈنكى مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى يۈرىكىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سەن پۈتكۈل يەر يۈزىدە مەندەك باشقا بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. \v 15 چۈنكى مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە قوۋمىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسامئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتەتتىڭ. \v 16 ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى.\x + \xo 9:16 \xt رىم. 9‏:17\x* \m \v 17 سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟ \v 18 مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈرنى ياغدۇرىمەن. \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، ھايۋان ۋە ئېتىزدا بار-يوقۇڭنى يىغىپ ئىچكىرى سولىغىن؛ چۈنكى ئۆيگە قايتۇرۇلماي سىرتتا قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈرنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! ــ دېگىن، دېدى. \m \v 20 بۇنى ئاڭلاپ پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەربىر ئادەم ئۆز قۇللىرى ۋە چارپايلىرىنى يۈگۈرتۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەلدى. \v 21 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى. \m \v 22 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى. \v 23 مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. \f □ \fr 9:23 \ft \+bd «يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئوت يەر يۈزىگە توختاۋىسىز چۈشتى».\f* \v 24 مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. \v 25 مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. \v 26 پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. \m \v 27 پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى. \f □ \fr 9:27 \ft \+bd «سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى»\+bd* ــ ياكى «مەن ئۆزۈم ۋە خەلقىم رەزىلدۇر».\f* \v 28 يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 29 مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن شەھەردىن چىققاندا، پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىمنى يېيىپ كۆتۈرىمەن؛ گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. \v 30 لېكىن سەن ۋە سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، دېدى. \m \v 31 شۇ چاغدا ئارپا باش چىقىرىپ، زىغىر غۇنچىلىغان بولغاچقا، زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىندى. \v 32 لېكىن بۇغداي بىلەن قارا بۇغداي كېيىنرەك بىخ چىقارغاچقا، ۋەيران قىلىنمىدى. \m \v 33 مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن كېتىپ، شەھەردىن چىقىپ پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى يېيىپ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈر توختاپ، يامغۇر يەرگە يەنە تۆكۈلمىدى. \v 34 ئەمما پىرەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، يەنە گۇناھ سادىر قىلدى؛ ئۇمۇ، ئەمەلدارلىرىمۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىشتى. \v 35 بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.\x + \xo 9:35 \xt مىس. 4‏:21؛ 7‏:3\x* \b \b \m \c 10 \s1 سەككىزىنچى ئاپەت ــ چېكەتكە ئاپىتى \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بارغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشىم ئۈچۈن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويدۇم. \x + \xo 10:1 \xt مىس. 4‏:21؛ 9‏:34\x* \v 2 بۇ ئىش بىلەن مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق رەسۋا قىلغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى سەن ئوغلۇڭنىڭ ئاندىن نەۋرەڭنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزىسەن. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، دېدى.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «قانداق رەسۋا جازالىغانلىقىم»\+bd* ــ ياكى «قاتتىق جازالىغانلىقىم».\f* \v 3 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭنى ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇشنى قاچانغىچە رەت قىلىسەن؟ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر. \m \v 4 چۈنكى ئەگەر سەن قوۋمىمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن ئەتە سېنىڭ يۇرتۇڭغا چېكەتكە ئەۋەتىمەن. \v 5 ئۇلار سىلەر زېمىن يۈزىنى كۆرمىگۈدەك قىلىپ يېپىۋېتىدۇ، سىلەرنىڭ مۆلدۈردىن ئامان قالغان نەرسىلىرىڭلارنىمۇ، دالالاردا ئۆسكەن ھەممە دەل-دەرەخلىرىڭلارنىمۇ يەپ كېتىدۇ. \v 6 ئۇلار ئوردا-سارايلىرىڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ سارايلىرى، شۇنداقلا بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە تولۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئاپەتنى ئاتا-بوۋاڭلىرىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ كۆرۈپ باقمىغان» ــ دېدى-دە، بۇرۇلۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. \v 7 پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئادەم بىزگە قاچانغىچە تۇزاق بولار؟ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا بۇ ئادەملەرنى قويۇپ بەرگەيلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغىنىنى تېخىچە كۆرمەيۋاتامدىلا؟ ــ دېدى. \v 8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا يەنە چاقىرىتىپ كېلىندى. ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىڭلار؛ لېكىن بارىدىغانلار زادى كىملەر؟ ــ دېدى. \m \v 9 مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ ياشلىرىمىز ۋە قېرى-چۈرىلەر بىلەن، ئوغۇللىرىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن، قوي ۋە كالا پادىلىرىمىزنى ئېلىپ ھەممىمىز بارىمىز؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، دېدى. \m \v 10 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرنى بالا-چاقاڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بەرگىنىمدە، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! مانا، ئالدىڭلاردا بالايىئاپەت تۇرۇپتۇ! \f □ \fr 10:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!»\+bd* ــ بۇ تەھدىت سالىدىغان، ناھايىتى كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنى سىلەر بىلەن بولسۇن دەپ، سىلەرنى بالا-چاقاڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرەمدىم؟». \+bd «مانا، ئالدىڭلاردا بالايىئاپەت تۇرۇپتۇ!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق»، «ئاپەت» ياكى «بالايىئاپەت» «را» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن مىسىرلىقلارنىڭ مۇھىم ئىلاھى ــ «قۇياش ئىلاھى»نىڭ نامىمۇ «را» بولغاچقا، پىرەۋننىڭ سۆزى ئىككى بىسلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ ئۇنداق بولغاندا ئىككىنچى مەنىسى: «مېنىڭ ئىلاھىم «را» سىلەرنى جازالايدۇ!» دېگەنلىك بولىدۇ («ئالدىڭلاردا «را» تۇرۇپتۇ!). \fp مۇشۇ ئىبارە باشقا تەرجىمىلەردە «مانا، سىلەردە يامان نىيەت بار!» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ.\f* \v 11 يوقسۇ، بۇنداق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ! پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت ئاراڭلاردىن ئەر كىشىلەرلا بارسۇن! چۈنكى سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار دەل شۇ ئەمەسمىدى! ــ دېدى-دە، ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. \m \v 12 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، چېكەتكىلەر مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، زېمىندىكى ھەرخىل ئوتياشلارنى، يەنى مۆلدۈردىن ئامان قالغاننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ، دېدى. \m \v 13 مۇسا ھاسىسىنى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار شۇ كۈنى ۋە كېچىسى زېمىن ئۈستىگە شەرق شامىلى چىقاردى. سەھەردە، شەرق شامىلى چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەلدى. \x + \xo 10:13 \xt زەب. 78‏:46؛ 105‏:35،34\x* \v 14 چېكەتكىلەر مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا يېيىلىپ، مىسىرنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنىمۇ باستى. ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ ئىلگىرى بۇنداق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ باقمىغان، مۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بولمايدۇ. \m \v 15 ئۇلار پۈتكۈل زېمىننىڭ يۈزىنى قاپلىدى، يەر قاراڭغۇلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار مۆلدۈردىن ئامان قالغان زېمىندىكى ھەممە ئوتياشلارنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ بارلىق مېۋىلىرىنى يەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنى تەۋەسىدىكى دەل-دەرەخلەردە ياكى دالادىكى گۈل-گىياھلاردا ھېچ يېشىللىق قالمىدى. \m \v 16 ئاندىن پىرەۋن ئالدىراپ-تېنەپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن ھەم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھ قىلدىم. \v 17 ئەمدى مۇشۇ بىر قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن بۇ ئۆلۈمنى مەندىن ئېلىپ كېتىشىنى ئىلتىجا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. \v 19 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شامالنى بۇراپ غەرب تەرەپتىن ئىنتايىن كۈچلۈك بوران چىقىرىپ، چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى؛ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تەۋەسىدە بىر تالمۇ چېكەتكە قالمىدى. \v 20 لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدى. \b \m \s1 توققۇزىنچى ئاپەت ــ قاراڭغۇلۇق ئاپىتى \m \v 21 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، ھەتتا ئادەم سىلىسا قولىغا تۇيۇلغۇدەك قويۇق قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، ــ دېدى. \m \v 22 ئاندىن مۇسا قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، قويۇق بىر قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى ئۈچ كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى. \x + \xo 10:22 \xt زەب. 105‏:28،27\x* \v 23 ئۈچ كۈنگىچە بىرى يەنە بىرىنى كۆرەلمەس ۋە يا ھېچكىم ئۆز جايىدىن قوزغىلالماس بولدى؛ لېكىن بارلىق ئىسرائىللار ئولتۇرغان جايلاردا يورۇقلۇق بار ئىدى. \v 24 پىرەۋن مۇسانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. پەقەت قوي ۋە كالا پادىلىرىڭلار قالسۇن؛ بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ، دېدى. \v 25 مۇسا جاۋابەن: ــ ئۇنداقتا خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا \add ئىناقلىق\add* قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىغا لازىملىق چارپايلارنى سەن بىزگە بېرەمسەن؟ \f □ \fr 10:25 \ft \+bd «بىزگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قولىمىزغا». \+bd «بىزگە بېرەمسەن؟»\+bd* ــ ياكى «بىزگە بېرىشىڭ كېرەك!».\f* \m \v 26 ئۆزىمىزنىڭ چارپايلىرىمىز بىز بىلەن بىرگە كېتىشى كېرەك، بىر تۇيىقىمۇ كەينىدە قالسا بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا قۇربانلىق قىلىدىغىنىمىزنى بۇلاردىن تاللىشىمىز لازىم. ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارغا قايسى قۇربانلىقلار بىلەن ئىبادەت قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز، ــ دېدى. \m \v 27 لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى. \v 28 پىرەۋن مۇساغا: ــ ئالدىمدىن يوقال! ھېزى بول، ئىككىنچى ماڭا كۆرۈنگۈچى بولما! چۈنكى يۈزۈمنى يەنە كۆرگەن كۈنۈڭ جېنىڭدىن ئايرىلىسەن، ــ دېدى. \m \v 29 مۇسا ئۇنىڭغا: ــ راست ئېيتتىڭ! مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى ئىككىنچى كۆرگۈچى بولمايمەن، ــ دېدى.\x + \xo 10:29 \xt ئىبر. 11‏:27\x* \b \b \m \c 11 \s1 ئونىنچى ئاپەت ــ پۈتۈن مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنىڭ ئۆلۈشى. مۇسانىڭ پىرەۋنگە ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ. \f □ \fr 11:1 \ft \+bd «يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن...»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى مۇسا تېخى پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقماي تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقان بولسا كېرەك (8-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 2 ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى \f □ \fr 11:2 \ft \+bd «خەلققە تاپىلاپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىپ...».\f*  \x + \xo 11:2 \xt مىس. 3‏:22؛ 12‏:35\x* \v 3 (پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى).\x + \xo 11:3 \xt مىس. 12‏:36\x* \v 4 ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن. \x + \xo 11:4 \xt مىس. 12‏:29\x* \v 5 شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ. \x + \xo 11:5 \xt مىس. 12‏:12\x* \v 6 بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ. \v 7 لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر». \m \v 8 ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ... ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى»\+bd* ــ 1-8-ئايەتتە خاتىرىلەنگەنلەر مۇسا بىلەن پىرەۋننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان جېدەل (10-بابتا خاتىرىلگەن)نىڭ داۋامى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 11:8 \xt مىس. 12‏:30\x* \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى. \m \v 10 مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى.\x + \xo 11:10 \xt مىس. 9‏:16؛ رىم. 9‏:17\x* \b \b \m \c 12 \s1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى \m \v 1 پەرۋەردىگار مىسىر يۇرتىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 بۇ ئاي سىلەرگە ئايلارنىڭ ئىچىدە بېشى، يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ. \f □ \fr 12:2 \ft \+bd «بۇ ئاي سىلەرگە ... يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى خۇدانىڭ خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بېشى كۈزدە (سېنتەبردە) باشلىناتتى (مۇقەددەس كىتابتا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق ۋاقىتلار شۇنداق ھېسابلىناتتى). ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق كالېندارى بار ئىدى.\f* \v 3 سىلەر پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە سۆز قىلىپ: ــ بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھەممىڭلار ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە بىر قوزىنى ئېلىڭلار؛ ھەربىر ئائىلىگە بىردىن قوزا ئېلىڭلار. \f □ \fr 12:3 \ft \+bd «قوزا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوزا» دېگەن سۆز ئوغلاقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 ئەگەر مەلۇم بىر ئائىلە بىر قوزىنى يەپ بولالمىغۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۆي ئىگىسى يېنىدىكى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئادەم سانىغا قاراپ بىر قوزا ئېلىڭلار؛ ھەربىر كىشىنىڭ ئىشتىھاسىغا قاراپ ھېسابلاپ مۇۋاپىق بىر قوزا ھازىرلاڭلار. \v 5 ھەربىرىڭلار تاللايدىغان قوزاڭلار بېجىرىم، بىر ياشلىق ئەركەك بولسۇن؛ قوي ياكى ئۆچكە پادىلىرىدىن تاللانسىمۇ بولىدۇ. \x + \xo 12:5 \xt لاۋ. 1‏:3؛ 22‏:21؛ مال. 1‏:8؛ 1پېت. 1‏:19\x* \v 6 قوزىنى بۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە يېنىڭلاردا تۇرغۇزۇڭلار، ــ دېگىن. \m ــ شۇ كۈنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى تاللىغان مېلىنى گۇگۇمدا سويسۇن. \f □ \fr 12:6 \ft \+bd «گۇگۇم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان چاغدىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت. «بىرىنچى كەچ» كەچقۇرۇن ياكى كۈن پېتىش، «ئىككىنچى كەچ» كېچىنى كۆرسەتسە كېرەك. \fp ئىسرائىلدا ئىشلىتىلگەن كالېندار بويىچە يېڭى كۈن كەچ كىرىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا شۇ كېچە بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى باشلىنىدۇ.\f* \v 7 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ گۆش يېيىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ باش تەرىپىگە ھەم ئىككى يان كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. \v 8 ئۇلار شۇ كېچىسى گۆشىنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يېسۇن؛ ئۇنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن قوشۇپ يېسۇن. \x + \xo 12:8 \xt چۆل. 9‏:11؛ 1كور. 5‏:8\x* \v 9 قەتئىي خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى باش، پۇت ۋە ئىچ-قارىنلىرى بىلەن ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يەڭلار. \v 10 ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى ئەتىگە قالدۇرماڭلار. ئەگەر ئەتىگە ئېشىپ قالغانلىرى بولسا، ئۇنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. \m \v 11 سىلەر ئۇنى مۇنداق ھالەتتە يەڭلار: ــ ئۇنى يېگەندە بەللىرىڭلارنى چىڭ باغلاپ، ئاياغلىرىڭلارغا كەش كىيىپ، قوللىرىڭلاردا ھاسا تۇتقان ھالدا تېز يەڭلار. ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر. \f □ \fr 12:11 \ft \+bd «ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ «پاسخا»سىدۇر». ئىبرانىي تىلىدا «پاسخا» ياكى «پېساخ» «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە نېمىنى كۆرسەتكىنى توغرىسىدا 13-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 12 چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ ئۆتىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىدا مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىرنىڭ بارلىق بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. \f □ \fr 12:12 \ft \+bd «مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىمەن»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مىسىرلىقلارنىڭ 80دىن كۆپ ئىلاھلىرى بار ئىدى.\f* \v 13 شۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى سىلەر ئولتۇرغان ئۆيلەردە سىلەرگە \add نىجات\add* بەلگىسى بولىدۇ؛ بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىنى ئۇرغىنىمدا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋابا-ئاپەت سىلەرگە تەگمەيدۇ.\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن»\+bd* ــ ياكى «سىلەردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق ئىككى خىل پىكىر بار: ــ (1) پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش»ى ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى جازالىماي ئۆيىگە كىرمەي «ئۆتۈپ كېتىشى»، (2) پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن «ھالاك پەرىشتىسى» (23-ئايەت ۋە «زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ) ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ كەلگەندە پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا «ئۆتۈپ تۇرۇش»ى بىلەن ھالاك پەرىشتىسىنىڭ يولىنى توسۇپ، مۇھاپىزەت قىلىپ ساق قالدۇرۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى پىكىرگە قايىل بولدۇق («يەش.» 5:31نى ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 پېتىر نان ھېيتى \m \v 14 بۇ كۈن سىلەرگە خاتىرە كۈن بولسۇن؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەڭلار؛ ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈ ئۆتكۈزۈڭلار. \x + \xo 12:14 \xt مىس. 5‏:1\x* \v 15 يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار؛ بىرىنچى كۈنى ئۆيۈڭلاردىن \add بارلىق\add* خېمىرتۇرۇچلارنى يوق قىلىڭلار؛ چۈنكى كىمكى بىرىنچى كۈندىن تارتىپ يەتتىنچى كۈنگىچە بولدۇرۇلغان نان يېسە، شۇ كىشى ئىسرائىل قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \v 16 بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى تۈزۈڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىمۇ ھەم شۇنداق بىر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىنمىسۇن؛ پەقەت ھەر كىشىنىڭ يەيدىغىنىنى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىلا قىلساڭلار بولىدۇ. \f □ \fr 12:16 \ft \+bd «ئىبادەت سورۇنى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «سورۇن» دېگەن سۆز «سورۇنغا چاقىرىلىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. نەگە چاقىرىلىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە تەكىتلىنىدىغان ئىش خەلقنىڭ جەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى «\+bd خۇدانىڭ\+bd* يېنىغا يىغىلىشقا چاقىرىلىش»تىن ئىبارەت بولىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە، بولۇپمۇ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغان ۋاقتىدا، پۈتكۈل جامائەت «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئالدىغا يىغىلىشى مۇمكىن، ۋە كېيىن پەلەستىن زېمىنىدا تۇرغاندا، ئەركەكلەر بۇ ئەمر بويىچە ھەر يىلى «مۇقەددەس چېدىر»غا، ئاندىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا يىغىلىدىغان بولىدۇ («قان.» 16:16).\f* \v 17 مەن دەل شۇ كۈنى سىلەرنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىم ئۈچۈن سىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ شۇ كۈننى نەسىلدىن-نەسىلگە ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە ھېيت كۈنى قىلىپ بېكىتىڭلار. \v 18 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى، كەچقۇرۇندىن تارتىپ شۇ ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، پېتىر نان يەڭلار. \x + \xo 12:18 \xt لاۋ. 23‏:5؛ چۆل. 28‏:16\x* \v 19 يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن؛ چۈنكى مۇساپىر بولسۇن، زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن، كىمكى بولدۇرۇلغان نەرسىلەرنى يېسە شۇ كىشى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. \f □ \fr 12:19 \ft \+bd «ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ياكى «جامائەتتىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» دېگەننىڭ مۇنداق بىرنەچچە چۈشەنچىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (2) جامائەت ئۇنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ (3) جامائەت ئۇنى ئىبادەت سورۇنلىرىدىن ھەيدىۋېتىشى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇنى پالىۋېتىشى كېرەك؛ (4) ئۇنىڭدىن ھېچ نەسىل قالدۇرۇلمايدۇ. بىزنىڭچە باشقا ئايەتتە ئېنىق بۇيرۇق كۆرسىتىلمىگەچكە، بىرىنچى چۈشەنچە (خۇدا ئۆزى شۇ ئادەمنى دۇنيادىن كەتكۈزىدۇ) توغرا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز.\f* \v 20 سىلەر ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نەرسىنى يېمەي، قەيەردىلا تۇرساڭلار، پېتىر نان يەڭلار.\x + \xo 12:20 \xt قان. 16‏:3\x* \b \m \s1 تۇنجى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»، يەنى «پاسخا ھېيتى» \m \v 21 مۇسا ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بېرىپ ھەربىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە ئۆزۈڭلارغا بىر قوزىنى تارتىپ چىقىرىپ پاسخا قوزىسىنى سويۇڭلار. \f □ \fr 12:21 \ft \+bd «پاسخا»\+bd* ــ يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى».\f*  \x + \xo 12:21 \xt ئىبر. 11‏:28\x* \v 22 ئاندىن بىر تۇتام زۇپا ئېلىپ ئۇنى قاچىدىكى قانغا چىلاپ، قاچىدىكى قاننى ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىگە سۈركەڭلار. سىلەردىن ئەتىگەنگىچە ھېچكىم ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن قەتئىي چىقمىسۇن. \f □ \fr 12:22 \ft \+bd «زۇپا»\+bd* ــ زۇپا بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ باشقا بىر ئىسمى «لېپەكگۈل».\f* \v 23 چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، زېمىننى كېزىپ ئۆتىدۇ؛ ئۇ ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىدىكى قاننى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ھالاك قىلغۇچىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى ئۇرۇشىدىن توسۇش ئۈچۈن \add مۇھاپىزەت قىلىپ\add* ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ.\f □ \fr 12:23 \ft \+bd «ھالاك قىلغۇچى»\+bd* ــ بەلكىم بىرخىل پەرىشتىنى كۆرسەتسە كېرەك («زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ). \+bd «ئۆتۈپ تۇرۇش»\+bd* ــ «ئۆتۈپ تۇرۇش» ياكى «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق 13:12تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:23 \xt ئىبر. 11‏:28\x* \m \v 24 بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە سۈپىتىدە تۇتۇڭلار. \f □ \fr 12:24 \ft \+bd «بۇ رەسىم-قائىدە»\+bd* ــ خۇدانىڭ كېيىنكى ئەمرلىرى بويىچە، «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دا (1) ھەربىر ئائىلىنىڭ بىر قوزىنى قۇربانلىق قىلىشى؛ (2) ئۇنىڭ گۆشىنى كېچىدە يېيىشى؛ (3) بۇ گۆشنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېيىشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ («چۆل.» 1:9-14، «قان.» 1:16-8نى كۆرۈڭ).\f* \v 25 سىلەر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا بۇ ھېيتلىق ئىبادەتنى تۇتۇڭلار. \v 26 بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ ئىبادىتىڭلارنىڭ مەنىسى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، \x + \xo 12:26 \xt يە. 4‏:6\x* \v 27 سىلەر: «بۇ مىسىرلىقلارنى ئۇرغىنىدا، مىسىردا ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىمىزنى قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا بولغان «ئۆتۈپ كېتىش» قۇربانلىقى بولىدۇ» ــ دەڭلار. شۇنى ئاڭلىغاندا، خەلق ئېڭىشىپ \add خۇداغا\add* سەجدە قىلدى. \m \v 28 ئاندىن ئىسرائىللار قايتىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار دەل مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئەمر قىلغاندەك ئىش كۆردى.\x + \xo 12:28 \xt ئىبر. 11‏:28\x* \b \m \s1 تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى \m \v 29 ۋە شۇنداق بولدىكى، يېرىم كېچە بولغاندا، پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان تۇنجىسىدىن تارتىپ زىنداندا يېتىۋاتقان مەھبۇسنىڭ تۇنجىسىغىچە، مىسىر زېمىنىدىكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. \x + \xo 12:29 \xt زەب. 78‏:51؛ 105‏:36؛ 135‏:8؛ 136‏:10\x* \v 30 ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئۆي قالمىغاچقا، شۇ كېچىسى پىرەۋننىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق مىسىرلىقلار كېچىدە ئورنىدىن قوپتى؛ مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن قاتتىق پەرياد كۆتۈرۈلدى.\x + \xo 12:30 \xt زەب. 105‏:38،36\x* \v 31 پىرەۋن كېچىدە مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ تۇرۇڭلار، سىلەر ۋە ئىسرائىللار بىلەن بىللە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئېيتقىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار! \v 32 سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە قوي، ئۆچكە، كالا پادىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار؛ مەن ئۈچۈنمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار، ــ دېدى. \v 33 مىسىرلىق پۇقرالارمۇ «ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتكۈدەكمىز» دېيىشىپ، خەلقنى زېمىندىن تېز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كېتىشكە ئالدىراتتى. \v 34 خەلق تېخى بولمىغان خېمىرلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. \v 35 ئىسرائىللار مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە قىلىپ، مىسىرلىقلاردىن كۈمۈش بۇيۇملار، ئالتۇن بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. \x + \xo 12:35 \xt مىس. 3‏:21؛ 11‏:2؛ زەب. 105‏:37\x* \v 36 پەرۋەردىگار خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزغىنى ئۈچۈن مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سورىغانلىرىنى بەردى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى. \b \m \s1 ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى \m \v 37 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالتە يۈز مىڭچە ئەركەك بولۇپ، رامسەستىن چىقىپ، سۇككوت شەھىرىگىچە پىيادە ماڭدى. \v 38 ئۇلار بىلەن بىللە چوڭ بىر توپ شالغۇت خەلقمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى، يەنە نۇرغۇن چارۋىلار، كۆپلىگەن كالا-قوي پادىلىرى بىلەن بىللە چىقتى.\f □ \fr 12:38 \ft \+bd «شالغۇت خەلق»\+bd* ــ كېيىنكى ۋەقەلەردىن (مەسىلەن، «چۆل.» 4:11 قاتارلىقلار) قارىغاندا، ئىسرائىللاردىن باشقا بىرنەچچە مىللەتلەردىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 39 مىسىردىن ئالغاچ چىققان خېمىردىن ئۇلار پېتىر نان-توقاچلارنى ئەتتى؛ چۈنكى ئۇلار مىسىردا بىردەم-يېرىم دەم تۇرغۇزۇلماي ھەيدەلگىنى ئۈچۈن خېمىر بولمىغانىدى؛ ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. \m \v 40 ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى جەمئىي تۆت يۈز ئوتتۇز يىل بولدى. \x + \xo 12:40 \xt يار. 15‏:13؛ روس. 7‏:6؛ گال. 3‏:17\x* \v 41 شۇنداق بولدىكى، شۇ تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقاندا، دەل شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ كەتتى. \v 42 شۇ كۈنى كېچىدە ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىلغىنى ئۈچۈن، شۇ كېچىنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كېچىسى دەپ تۇتۇشى كېرەك؛ شۇ كېچىنى بارلىق ئىسرائىللار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۇتۇپ، تۈنىشى كېرەك. \b \m \s1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى \m \v 43 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ پاسخا قوزىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە شۇ بولسۇنكى،: ــ ھېچقانداق يات ئەللىك ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. \v 44 لېكىن ھەركىمنىڭ پۇلغا سېتىۋالغان قۇلى بولسا، ئۇ خەتنە قىلىنسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدىن يېسۇن. \m \v 45 ئەمما ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى مەدىكار بۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. \m \v 46 گۆشنى باشقا بىر ئۆيگە ئېلىپ چىقمىغىن؛ بىرلا ئۆيدە يېيىلسۇن؛ قوزىنىڭ ھېچبىر سۆڭىكى سۇندۇرۇلمىسۇن.\x + \xo 12:46 \xt چۆل. 9‏:12؛ يـۇھ. 19‏:36\x* \m \v 47 پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن. \m \v 48 ئەگەر سېنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان مۇساپىر بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاسخا ھېيتىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بارلىق ئەركەكلىرى خەتنە قىلىنسۇن؛ ئاندىن كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزسۇن. ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان كىشىدەك سانالسۇن. لېكىن ھېچبىر خەتنىسىز ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. \v 49 زېمىندا تۇغۇلغان كىشى ھەم ئاراڭلاردا تۇرغان مۇساپىر ئۈچۈن ئوخشاش قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن. \m \v 50 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى دەل پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغاندەك شۇ ئىشلارنى ئادا قىلدى. \v 51 شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقاردى. \b \b \m \c 13 \s1 تۇنجى تۇغۇلغاننى خۇداغا ئاتاش \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا: \v 2 ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى.\x + \xo 13:2 \xt مىس. 22‏:29؛ 34‏:19؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 3‏:13؛ 8‏:17؛ لۇقا 2‏:23\x* \m \v 3 مۇسا خەلقكە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مىسىردىن ئىبارەت «قۇللۇق ماكانى»دىن چىققان بۇ كۈننى ياد ئېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەردىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولدۇرۇلغان نەرسە يېيىلمىسۇن. \m \v 4 ئابىب ئېيىنىڭ بۈگۈنكى كۈنى يولغا چىققان كۈن. \f □ \fr 13:4 \ft \+bd «ئابىب ئېيى»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ كالېندارى بويىچە يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدۇر، ئىبرانىيلار ئىشلەتكەن كالېندار بويىچە، بەزى يىللىرىدا مارت ئېيىدا، بەزى يىللىرىدا ئاپرىلدا باشلىنىدۇ (2:12نى كۆرۈڭ). «ئابىب» دېگەننىڭ مەنىسى: «بىخ ئۇرۇش»، «ئۆسۈپ چىقىش»تۇر.\f*  \x + \xo 13:4 \xt مىس. 23‏:15\x* \v 5 ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سېنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ \add ئابىب\add* ئېيىدا شۇ ئىبادەتنى تۇتقىن. \v 6 يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان ھېيت ئۆتكۈزۈلسۇن. \v 7 يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يېيىلسۇن؛ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نان تېپىلمىسۇن ۋە يا چېگرىلىرىڭ ئىچىدە ھېچ خېمىرتۇرۇچمۇ كۆرۈنمىسۇن. \v 8 شۇ كۈنى سەن ئۆز ئوغلۇڭغا: «مىسىردىن چىققىنىمدا پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىنى ياد قىلىپ تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ \add ھېيتنى\add* ئۆتكۈزىمەن»، دەپ چۈشەندۈرگىن. \m \v 9 پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-تەلىمىنىڭ ھەمىشە ئاغزىڭدىن چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن چىقاردى. \v 10 ئەمدى بۇ بەلگىلىمىنى يىلمۇ-يىل بېكىتىلگەن ۋاقتىدا تۇتقىن. \m \v 11 پەرۋەردىگار سەن بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قىلغان قەسىمى بويىچە سېنى قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك: ــ \v 12 بارلىق بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسەن؛ شۇنداقلا چارپاي مېلىڭنىڭ ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. \f □ \fr 13:12 \ft \+bd «... ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن»\+bd* ــ پەرۋەردىگار مىسىردا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ئۆلۈمدىن تىرىلگەندەك» ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىدى. ئەمما (ئىنسان بولسۇن، مال بولسۇن) تۇنجى تۇغۇلغانلار بولسا پۈتكۈل ئائىلىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.\f*  \x + \xo 13:12 \xt مىس. 22‏:30؛ 34‏:19؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 8‏:17؛ ئ‍ەز. 44‏:30\x* \v 13 ئەمما ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بەرگىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىرنەرسە بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. ئوغۇللىرىڭلار ئارىسىدا بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا ھۆرلۈك بەدىلى تۆلۈشۈڭ كېرەك.\f □ \fr 13:13 \ft \+bd «ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بەرگىن...»\+bd* ــ ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇلاغلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايتتى؛ پەقەت قوي، كالا، ئوغلاق ۋە كەپتەر قاتارلىقلارلا بولاتتى. يەنە كېلىپ، ئۇلاغلارنىڭ ئورنىغا قويلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رۇخسەت بېرىلىشىدە ئۇلاغلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى نەزەرگە ئېلىنغان.\f* \m \v 14 كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ سەندىن: «بۇنىڭ مەنىسى نېمىدۇر»، دەپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئازاد قىلدى. \v 15 شۇنداق بولدىكى، پىرەۋن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ بىزنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئىنساننىڭ بولسۇن، مالنىڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى، يەنى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەربىر تۇنجىلىرى ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ بېرىمەن»، دەپ ئېيتقىن. \v 16 بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا \add ئەسلەتمە-\add*بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال، چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقاردى» ــ دېگىن. \x + \xo 13:16 \xt مىس. 13‏:9؛ قان. 6‏:8؛ پەند. 3‏:3 \x* \b \m \s1 بۇلۇت تۈۋرۈكى ۋە ئوت تۈۋرۈكى \m \v 17 ئەمما پىرەۋن خەلقنى كېتىشكە قويغاندىن كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى يول يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى شۇ يول بىلەن باشلىمىدى؛ چۈنكى ئۇ: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. \v 18 شۇ سەۋەبتىن خۇدا خەلقنى ئايلاندۇرۇپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆلنىڭ يولى بىلەن باشلاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ تەرتىپ بىلەن ماڭدى. \m \v 19 مۇسا يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ بىللە ئېلىۋالدى؛ چۈنكى يۈسۈپ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان \add قېرىنداشلىرىنى\add*: «خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى مۇشۇ يەردىن بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ قەسەم قىلدۇرغانىدى.\f □ \fr 13:19 \ft \+bd «...يوقلاپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «يوقلاپ» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 13:19 \xt يار. 50‏:25؛ يە. 24‏:32\x* \m \v 20 ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. \v 21 ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى يورۇقلۇق بېرىشكە ئوت تۈۋرۈكىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرەلەيتتى. \v 22 بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى، ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا يۈرەتتى. \b \b \m \c 14 \s1 ئىسرائىللارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا: \v 2 ــ سەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇرۇلۇپ مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروتنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېدىر تىكىڭلار؛ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزنىڭ بويىدا چېدىر تىكىڭلار»، دېگىن. \f □ \fr 14:2 \ft \+bd «دېڭىز»\+bd* ــ «قىزىل دېڭىز»نى كۆرسىتىدۇ. خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:2 \xt چۆل. 33‏:7\x* \v 3 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن: «ئىسرائىللار زېمىندا ئېزىپ قالدى، چۆلنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلايدۇ؛ \v 4 ئىسرائىللارنى قوغلىسۇن دەپ مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ــ دېدى. \m ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزى بويىچە قىلدى.\x + \xo 14:4 \xt مىس. 4‏:21؛ 10‏:20\x* \m \v 5 «ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلىۋىدى، پىرەۋن بىلەن ئەمەلدارلىرى خەلق توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىپ: «ئىسرائىللارنى قۇللۇقتىن قويۇۋەتكىنىمىز، بۇ زادى نېمە قىلغىنىمىز؟!» ــ دېيىشتى. \m \v 6 \add پىرەۋن\add* دەرھال جەڭ ھارۋىسىنى قوشتۇرۇپ، ئۆز خەلقىنى باشلاپ يولغا چىقتى. \v 7 ئۇ يەنە ئالتە يۈز خىللانغان جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە لەشكەر باشلىقلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدى. \v 8 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنى قوغلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا مىسىردىن چىقىپ بولغانىدى.\f □ \fr 14:8 \ft \+bd «قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا»\+bd* ــ خۇشاللىق، مەردانىلىك بىلەن، دېمەك.\f* \m \v 9 مىسىرلىقلارنىڭ \add ھەممىسى\add* يەنى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن پۈتكۈل قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئىسرائىللار دېڭىز بويىغا چېدىر تىككەن جايدا، يەنى پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلارغا يېتىشتى. \x + \xo 14:9 \xt يە. 24‏:6\x* \v 10 پىرەۋن يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىللار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى! شۇنى كۆرگەندە ئىسرائىللار تولىمۇ قورقۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا-پەرياد كۆتۈردى. \v 11 ئۇلار مۇساغا: ــ مىسىردا گۆرىستان تېپىلماسمىدى، سەن بىزنى چۆلدە ئۆلسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭغۇ؟! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بىزگە مۇنداق قىلغىنىڭ نېمىسى؟! \v 12 مىسىردا تۇرغان ۋاقتىمىزدا بىز ساڭا: «بىزنى مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشىمىزغا قويغىن، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەپ ئېيتمىغانمىدۇق؟ مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىمىز چۆلگە كېلىپ ئۆلگىنىمىزدىن ئەۋزەل بولاتتى! ــ دېدى.\x + \xo 14:12 \xt مىس. 6‏:9\x* \m \v 13 بۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە: ــ قورقماي، تىك تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ بۈگۈن سىلەرگە يۈرگۈزىدىغان نىجاتىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. \v 14 پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار جىم تۇرساڭلارلا بولدى، دېدى. \m \v 15 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ نېمىشقا سەن ماڭا پەرياد كۆتۈرىسەن؟ ئىسرائىللارغا: «ئالدىغا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن. \v 16 لېكىن سەن ھاساڭنى كۆتۈرۈپ قولۇڭنى دېڭىزغا ئۇزىتىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلگىن؛ شۇنداقتا، ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.\f □ \fr 14:16 \ft \+bd «ئۆتۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىككىنچى «ئۆتۈپ كېتىش»تۇر. «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دا ئالدىنقى ۋە بۇ «ئۆتۈپ كېتىش» ئەسلىنىدۇ (13:12، 23نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 17 مانا، مەن ئۇلارنى قوغلىسۇن دەپ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلىمەن. \v 18 شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلغىنىمدا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، دېدى. \m \v 19 ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ، \f □ \fr 14:19 \ft \+bd «خۇدانىڭ پەرىشتىسى»\+bd* ــ بۇ زات توغرۇلۇق 2:3 ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 20 مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى.\f □ \fr 14:20 \ft \+bd «بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ...»\+bd* ــ شۇ ۋاقىت ئاينىڭ ئوتتۇرىسى بولغاچقا، ئادەتتە ئايدىڭ بولاتتى.\f* \m \v 21 مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرقتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى؛ ئۇ سۇنى ياندۇرۇپ دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى، سۇلار ئىككىگە بۆلۈندى. \x + \xo 14:21 \xt يە. 4‏:23؛ زەب. 78‏:13؛ 106‏:9؛ 114‏:1-7\x* \v 22 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. \f □ \fr 14:22 \ft \+bd «ئۆتۈپ كەتتى»\+bd* ــ يەھۇدىيلار «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى تەبرىكلىگەندە، مۇشۇ قىزىل دېڭىزدىن «ئۆتۈپ كېتىش»نىمۇ ئەسلەپ تەبرىكلەيدۇ.\f*  \x + \xo 14:22 \xt 1كور. 10‏:1؛ ئىبر. 11‏:29\x* \v 23 ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى ــ پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى. \v 24 تاڭ ئاتقاندا شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇرۇپ مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قارىدى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا پاراكەندىچىلىك چۈشۈردى. \v 25 ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ، ھەيدەپ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار: ــ يۈرۈڭلار، ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 14:25 \ft \+bd «ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 26 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى چۆكتۈرۈۋەتسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتقىن، ــ دېدى. \m \v 27 مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىۋىدى، تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىي ھالىتىگە يېنىپ كەلدى. قېچىۋاتقان مىسىرلىقلار ئېقىنغا قارشى يۈگۈرۈشتى، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى. \v 28 سۇ ئەسلىگە يېنىپ كېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن پىرەۋننىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى غەرق قىلىۋەتتى؛ ئۇلاردىن بىرىمۇ ساق قالمىدى. \x + \xo 14:28 \xt زەب. 78‏:53؛ 106‏:11\x* \v 29 لېكىن ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. \x + \xo 14:29 \xt زەب. 77‏:19\x* \v 30 شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىللارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ دېڭىزنىڭ بويىدا ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. \v 31 ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئىشلەتكەن زور قۇدرىتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇنىڭ قۇلى مۇساغا ئىشەندى. \b \b \m \c 15 \s1 مۇسانىڭ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشى \m \v 1 شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ مۇنۇ كۈينى ئېيتتى: ــ \m «مەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتاي، \m چۈنكى ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ \m ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.\f □ \fr 15:1 \ft \+bd «ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى».\f*  \x + \xo 15:1 \xt زەب. 106‏:12\x* \m \v 2 مېنىڭ كۈچۈم ھەم مېنىڭ كۈيۈم ياھ ئۆزىدۇر؛ \m ئۇ ماڭا نىجات بولدى؛ \m ئۇ مېنىڭ تەڭرىمدۇر، مەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ \m ئۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ خۇداسىدۇر، مەن ئۇنى ئالىي دەپ مەدھىيىلەيمەن.\f □ \fr 15:2 \ft \+bd «ياھ»\+bd* ــ مۇشۇ تەرجىمىدە بىز خۇدانىڭ «ياھۋەھ» ياكى «يەھوۋاھ» دېگەن نامىنى «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» دېگەن بۇ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر.\f*  \x + \xo 15:2 \xt زەب. 18‏:2؛ زەب. 118‏:14؛ يەش. 12‏:2\x* \m \v 3 پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، \m ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر.\f □ \fr 15:3 \ft \+bd «ياھۋەھ»\+bd* ــ مۇشۇ تەرجىمىدە بىز خۇدانىڭ «ياھۋەھ» ياكى «جەھوۋاھ» دېگەن نامىنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. مەنىسى «ئەزەلدىن بولغۇچى». 14-3:13 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 4 پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەم قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ \m ئۇنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرى قىزىل دېڭىزدا غەرق قىلىندى. \m \v 5 چوڭقۇر سۇلار ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى، \m ئۇلار خۇددى تاشتەك دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتتى.\x + \xo 15:5 \xt نەھ. 9‏:11\x* \m \v 6 سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار، \m قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى؛ \m سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،دۈشمەننى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.\x + \xo 15:6 \xt زەب. 118‏:16،15\x* \m \v 7 ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ، \m سەن ئوتلۇق غەزىپىڭنى ئەۋەتتىڭ، \m ئۇ ساماننى كۆيدۈرگەن ئوتتەك ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. \m \v 8 دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن سۇلار دۆڭ بولۇپ ئۆرلىدى، \m جۇشقۇنلىغان دولقۇنلار دۆڭ كەبى تىك تۇردى، \m دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر سۇلار قاتۇرۇپ قويۇلدى.\f □ \fr 15:8 \ft \+bd «دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن»\+bd* ــ ياكى «قەھرىڭنىڭ روھى بىلەن».\f*  \x + \xo 15:8 \xt يەش. 63‏:13،12؛ ھاب. 3‏:10\x* \m \v 9 دۈشمەن دېدى: «مەن ئۇلارنى قوغلايمەن، يېتىشىمەن، ئولجا ئېلىپ ئۈلەشتۈرىمەن، \m ئۇلاردىن دەردىمنى چىقىرىمەن، \m قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى نابۇت قىلىمەن». \m \v 10 لېكىن سەن نەپىسىڭ بىلەن پۈۋلىدىڭ، \m دېڭىز ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى؛ \m ئۇلار جۇشقۇنلۇق سۇلاردا قوغۇشۇندەك چۆكۈپ كەتتى.\x + \xo 15:10 \xt زەب. 74‏:13؛ 106‏:11\x* \m \v 11 ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا، ئەي پەرۋەردىگار، \m كىم سېنىڭ تەڭدىشىڭ بولسۇن؟ \m پاك-مۇقەددەسلىك ئىچىدە ئۆز ھەيۋىتىڭنى كۆرسىتىدىغان، \m ھەمد-مەدھىيىلەر ئارىسىدا دەھشەتلىك تۇرىدىغان، \m مۆجىزە-كارامەت يارىتىدىغان، \m سەندەك كىم بولسۇن؟ \m \v 12 سەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇزىتىشىڭ بىلەن، \m يەر-زېمىن ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. \m \v 13 لېكىن ئۆزۈڭگە ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان قوۋمنى رەھىمدىللىقىڭ بىلەن باشلاپ چىقتىڭ؛ \m سەن ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا قۇدرىتىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىپ يېتەكلىدىڭ.\f □ \fr 15:13 \ft \+bd «ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا «گائال» دېگەن بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ پېئىل توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ماكانىغا».\f* \m \v 14 يات خەلقلەر بۇنى ئاڭلاپ، تىترىشىپ كەتتى؛ \m فىلىستىيەدە تۇرۇۋاتقانلارنى تولغاقتەك ئازاب تۇتتى. \m \v 15 ئاندىن ئېدومنىڭ ئەمىرلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ \m موئابنىڭ پالۋانلىرىنى بولسا، راسا تىترەك باستى؛ \m قانائان زېمىنىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقتى؛\x + \xo 15:15 \xt قان. 2‏:4\x* \m \v 16 قورقۇنچ ۋە دەھشەت ئۇلارنى باستى؛ \m بىلىكىڭنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۇلار خۇددى تاشتەك مىدىرلىيالماي قالدى؛ \m خەلقىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە، ئى پەرۋەردىگار، \m ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە.\f □ \fr 15:16 \ft \+bd «ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ»\+bd* ــ بۇ ئۇقۇم يۇقىرىقى 13-ئايەتتىكى «سەن ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان... خەلقىڭ» دېگەن ئۇقۇمغا يېقىندۇر. \+bd «... ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە»\+bd* ــ بۇ ئايەت بېشارەت بولۇپ: (1) قانائاندىكى خەلق ۋە موئابتىكى ئاھالىلەر خۇدانىڭ خەلقىنىڭ مىسىردىن چىققىنىنى ئاڭلاپ ئۇلاردىن ئىنتايىن قورقىدۇ («يە.» 8:2-11نى كۆرۈڭ)؛ (2) كېيىنكى كۈنلەردە ئىسرائىل قانائان زېمىنىنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن «ئۆتىدۇ». بۇ ئىش بولغۇچە ھېچقانداق باشقا ئەل-مىللەت ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇۋالالمايدۇ (17-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 15:16 \xt قان. 2‏:25؛ 11‏:25؛ يە. 2‏:9\x* \m \v 17 ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ، \m ئۆز مىراسىڭ بولغان تاغدا كۆچەتتەك تىكىسەن، \m ئۆز ماكانىڭ قىلغان جايغا، ئى پەرۋەردىگار، \m ئۆز قوللىرىڭ تەييارلىغان مۇقەددەس جايغا، ئى رەب، ئۇلارنى ئېلىپ بارىسەن. \m \v 18 پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ! \m \v 19 چۈنكى پىرەۋننىڭ ئاتلىرى، \m جەڭ ھارۋىلىرى ئاتلىقلىرى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرىپ بولدى؛ \m پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى، \m لېكىن ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى».\f □ \fr 15:19 \ft \+bd «...قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلەردە مۇسانىڭ بۇ شېئىرى 18-ئايەت بىلەن توختايدۇ.\f* \m \v 20 ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. \x + \xo 15:20 \xt 1سام. 18‏:6\x* \m \v 21 مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق كۈينى ئوقۇدى: ــ \m «پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتىڭلار، \m چۈنكى ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ \m ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى!».\f □ \fr 15:21 \ft \+bd «ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى».\f* \b \m \s1 خۇدا خەلقنى سىنايدۇ ــ ماراھتىكى ئاچچىق سۇ \m \v 22 ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى. \v 23 ئاندىن ئۇلار ماراھقا يېتىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇ جاينىڭ نامى «ماراھ» دەپ قويۇلغان. \f □ \fr 15:23 \ft \+bd «ماراھ»\+bd* ــ «ئاچچىق» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 15:23 \xt چۆل. 33‏:8\x* \v 24 ئۇ ۋاقىتتا خالايىق: ــ بىز نېمە ئىچىمىز؟ ــ دەپ مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى. \m \v 25 ئۇ پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر دەرەخنى كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرەخ ياغىچىنى ئېلىپ، سۇغا تاشلىۋىدى، سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇلارغا ھۆكۈم-بەلگىلىمە بېكىتىپ، ئۇلارنى سىناپ، مۇنداق دېدى: ــ \v 26 «ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن».\f □ \fr 15:26 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى».\f* \m \v 27 ئاندىن ئۇلار ئېلىمغا يېتىپ كەلدى. شۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە سۇلارنىڭ بويىدا چېدىر تىكتى.\fig «مىسىردىن چىقىش»تىكى سەپەر|src="exodus-journey-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 16" \fig* \b \b \m \c 16 \s1 ماننا بىلەن بۆدۈنە \m \v 1 ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئېلىمدىن يولغا ئاتلاندى؛ مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە ئېلىم بىلەن سىناينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ كەلدى. \x + \xo 16:1 \xt چۆل. 33‏:5-49\x* \v 2 ئەمما ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى چۆلدە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى. \v 3 ئىسرائىللار ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى! شۇ يەردە بىز گۆش قايناۋاتقان قازانلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تويغۇدەك نان يېمىگەنمىدۇق؟ لېكىن سىلەر بۇ جامائەتنىڭ ھەممىسىنى ئاچلىق بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ بىزنى بۇ چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭلار! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 16:3 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى!...»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ قاقشاشلىرى تولىمۇ ئورۇنسىز ئىدى، ئەلۋەتتە. چۈنكى بىرىنچىدىن، ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن چارۋا ماللىرى ئاز ئەمەس ئىدى (38:12نى كۆرۈڭ). ئىككىنچىدىن، ئۇلار مىسىردا قۇللۇقتا بولغان چاغلىرىدىمۇ ئۇلار ئېرىشىدىغان يېمەكلىكلەر ئانچە كۆپ بولغان ئەمەس ئىدى («قان.» 7:3، 1:8-3نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 16:3 \xt چۆل. 11‏:4؛ 1كور. 10‏:10\x* \m \v 4 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇن-ئەمرلىرىمدە ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن. \x + \xo 16:4 \xt زەب. 78‏:24؛ 105‏:40\x* \v 5 ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار يىغىۋالغانلىرىنى تەييارلىسۇن؛ ئۇ باشقا كۈنلەردە ئېرىشىدىغىنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، ــ دېدى. \f □ \fr 16:5 \ft \+bd «ئالتىنچى كۈن»\+bd* ــ بۇ جۈمە كۈنىدۇر. شۇ كۈنى يەھۇدىيلار يىغقان «ماننا»دىن ئىككى كۈنلۈك تاماقنى تەييارلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئەتىسى، يەنى يەتتىنچى كۈنى شابات كۈنى («دەم ئېلىش كۈنى») ئىدى.\f* \v 6 ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بارلىق ئىسرائىللارغا: ــ بۈگۈن ئاخشام سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ۋە \v 7 ئەتە سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى؛ بىزگە كەلسەك، سىلەر يامان گېپىمىزنى قىلىپ غوتۇلدىغۇدەك بىز كىم ئىدۇق؟ ــ دېدى. \m \v 8 مۇسا يەنە: پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاخشام سىلەرگە يېگىلى گۆش بېرىپ، ئەتە ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بەرگەندە \add بۇنى بىلىسىلەر\add*؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلدىغىنىڭلارنى ئاڭلىدى. ئەمدى بىز نېمە ئىدۇق؟ سىلەرنىڭ غوتۇلداشقىنىڭلار بىزلەرگە قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا قارىتىلغاندۇر، ــ دېدى. \m \v 9 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ يامان گەپ بىلەن غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى. \v 10 شۇنداق بولدىكى، ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆزلەپ تۇرغىنىدا، ئۇلار چۆل تەرەپكە قارىۋىدى، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى بۇلۇتتا ئايان بولدى. \x + \xo 16:10 \xt مىس. 13‏:21\x* \v 11 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 12 ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ يامان گەپ قىلىپ غوتۇلداشقىنىنى ئاڭلىدىم؛ ئەمدى ئۇلارغا: «گۇگۇمدا سىلەر گۆش يەيسىلەر ۋە ئەتىگەندە ناندىن تويۇنىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر» ــ دەپ ئېيتقىن، دېدى.\f □ \fr 16:12 \ft \+bd «گۇگۇم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 6:12 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 16:12 \xt يـۇھ. 6‏:58،49\x* \m \v 13 كەچقۇرۇندا شۇنداق بولدىكى، بۆدۈنىلەر ئۇچۇپ كېلىپ، چېدىرگاھنى قاپلاپ كەتتى؛ ئەتىسى ئەتىگەندە، چېدىرگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى. \x + \xo 16:13 \xt چۆل. 11‏:31؛ زەب. 105‏:40\x* \v 14 ئەتراپتا ياتقان شەبنەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مانا، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە قىراۋدەك نېپىز، كىچىك-كىچىك يۇمىلاق نەرسىلەر تۇراتتى. \x + \xo 16:14 \xt چۆل. 11‏:7؛ نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:24؛ 105‏:40\x* \v 15 ئىسرائىللار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن: ــ بۇ نېمىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. \m مۇسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بۇ پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوزۇق-تۈلۈكتۇر. \x + \xo 16:15 \xt يـۇھ. 6‏:31؛ 1كور. 10‏:3\x* \v 16 پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى ئەمر قىلىپ دېدىكى، «ھەربىرىڭلار يەيدىغىنىڭلارغا قاراپ ئۇنىڭدىن يىغىۋېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئائىلىدىكى ئادەم سانىغا قاراپ، ھەربىر ئادەمگە بىر ئومەر مىقداردا يىغىڭلار؛ ھەر ئادەم ئۆز چېدىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يىغىڭلار» ــ دېدى.\f □ \fr 16:16 \ft \+bd «بىر ئومەر»\+bd* ــ «ئەفاھ»نىڭ ئوندىن بىر قىسمى، يەنى ئىككى لىترچە ئىدى.\f* \m \v 17 ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ، بەزىسى كۆپرەك، بەزىسى ئازراق يىغىۋالدى. \v 18 ئۇلار ئۇنى ئومەر مىقدارى بىلەن ئۆلچىۋىدى، كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى؛ ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى. \f □ \fr 16:18 \ft \+bd «ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى»\+bd* ــ يەنە بىر تەرجىمىسى: «ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل ئىدى». \fp بۇ ئايەتنى ئىككى خىل چۈشىنىش مۇمكىن: ــ (1) خۇدانىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر كىشى ئۈچۈن دەل بىر ئومەر مىقداردا يېمەكلىك تەقدىم قىلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن يىغقاندىن كېيىن، ئومەر مىقدارى بىلەن ئۆلچىگىنىدە، ئوزۇق-تۈلۈك («ماننا»)نى ئارتۇق يىغىۋالغان كىشى ئاز يىغقان كىشىگە كەم بولغاننى تولدۇرۇپ بېرەتتى. ئاخىر ھەممە كىشىگە كېرەك بولغان يېمەكلىك تەڭ تەمىن ئېتىلەتتى. بۇ مۆجىزە ئەمەس، تەبىئىي ئىش ئىدى. \fp (2) خەلق مەيلى كۆپ ماننا يىغقان بولسۇن، ياكى ئازراق يىغقان بولسۇن، خۇدانىڭ كارامىتى بىلەن يىغىۋالغىنى دەل ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس بولدى. بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مۆجىزە ئىدى، ئەلۋەتتە. «ماننا»نىڭ ھەر كۈنى ئاسماندىن چۈشۈشى مۆجىزە بولۇپلا قالماي، ماننانىڭ مىقدارىمۇ دەل ھەممەيلەنگە كېرەك بولغانغا باراۋەر ئىدى. \fp بىزنىڭچە، «كورىنتلىقلار (2)» 15:8 بويىچە، بىرىنچى چۈشەنچە توغرا بولسا كېرەك؛ چۈنكى شۇ ئايەتتە روسۇل پاۋلۇس «ماننا يىغىش» دېگەن ئىشنى مىسال قىلىپ، خۇدانىڭ بەندىلىرىنى بىر-بىرىگە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 16:18 \xt 2كور. 8‏:15\x* \v 19 مۇسا ئۇلارغا: ــ ھېچقانداق ئادەم بۇلاردىن ھېچنېمىنى ئەتىگە قالدۇرمىسۇن، دېدى. \m \v 20 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ بەزىلەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئەتىگە ساقلاپ قويدى. ئەمما ساقلاپ قويغىنى قۇرتلاپ سېسىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاندى. \v 21 شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر ئەتىگىنى چىقىپ ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغىۋالاتتى؛ قالغانلىرى بولسا ئاپتاپ چىققاندا ئېرىپ كېتەتتى. \m \v 22 لېكىن ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار كۈنلۈك ئوزۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى يىغدى؛ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىككى ئومەر مىقداردا يىغىۋالدى؛ ئاندىن جامائەت ئەمىرلىرى ھەممىسى كېلىپ بۇنى مۇساغا ئېيتتى. \m \v 23 مۇسا ئۇلارغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى: ــ ئەتە ئارام كۈنى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس شابات كۈنى بولىدۇ؛ پىشۇرىدىغىنىڭلارنى پىشۇرۇپ، قاينىتىدىغىنىڭلارنى قايىنىتىپ، ئېشىپ قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئەتىگە ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى. \m \v 24 ئۇلار مۇسا بۇيرۇغاندەك، ئېشىپ قالغاننى ئەتىسىگە ساقلاپ قويۇۋىدى، ئۇلار سېسىپ قالمىدى، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى. \v 25 مۇسا ئۇلارغا: ــ بۇنى بۈگۈن يەڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن دالادىن تاپالمايسىلەر. \v 26 ئالتە كۈن سىلەر يىغساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى شابات بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۈنىدە ھېچنېمە تېپىلمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 27 ھالبۇكى، يەتتىنچى كۈنى خەلقتىن بىرنەچچىسى ئوزۇق-تۈلۈك يىغقىلى چىقىۋىدى، ھېچنېمە تاپالمىدى. \v 28 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سىلەر قاچانغىچە مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇشنى رەت قىلىسىلەر؟ \v 29 مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بېكىتىپ بەردى؛ شۇڭا يەتتىنچى كۈنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سىرتلارغا چىقمىسۇن دەپ، ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق بېرىدۇ»، ــ دېدى. \v 30 شۇنىڭ بىلەن خەلق يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى. \m \v 31 ئىسرائىللار بۇ ئوزۇقنى «ماننا» دەپ ئاتىدى؛ ئۇنىڭ \add شەكلى\add* يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدەك، رەڭگى ئاق بولۇپ، تەمى ھەسەلگە مىلەنگەن قوتۇرماچقا ئوخشايتتى.\f □ \fr 16:31 \ft \+bd «ماننا»\+bd* ــ «نېمە بۇ؟» دېگەن مەنىدە (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 16:31 \xt چۆل. 11‏:7\x* \m \v 32 مۇسا ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇكى، ــ كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، مەن سىلەرگە چۆلدە يېيىشكە ئاتا قىلغان ناننى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كومزەككە بىر ئومەر توشقۇزۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى. \m \v 33 مۇسا ھارۇنغا: ــ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا كۆرسىتىشكە ساقلاش ئۈچۈن بىر كومزەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئومەر مىقداردا ماننا سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، ــ دېدى.\x + \xo 16:33 \xt ئىبر. 9‏:4\x* \m \v 34 \add كېيىن،\add* ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك كومزەكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى.\f □ \fr 16:34 \ft \+bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بەرمەكچى بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولىدىغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ (20-بابنى كۆرۈڭ). خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇ ئەمرلەر «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىگە پۈتۈلگەن (20:40نى كۆرۈڭ). \+bd «... ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى»\+bd* ــ ئەھدە ساندۇقىنىڭ تەسۋىرىنى بىلىش ئۈچۈن 25-باب، 10-22-ئايەتلەرگە قارالسۇن. «ئىبر.» 4:9تىن قارىغاندا، «ماننا» كومزىكى كېيىنكى ۋاقىتتا ئەھدە ساندۇقى \+bd ئىچىگە\+bd*، مۇقەددەس قانۇن تاشلىرى ئالدىغا قويۇلغان.\f* \m \v 35 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئادەم ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە قىرىق يىل «ماننا» يېدى؛ ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ چېگرالىرىغا يەتكۈچە ماننا يېدى.\x + \xo 16:35 \xt يە. 5‏:12؛ نەھ. 9‏:15\x* \m \v 36 ئەينى چاغدا بىر «ئومەر» «ئەفاھ»نىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. \b \b \m \c 17 \s1 قورام تاشتىن چىققان سۇ \m \v 1 ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى. \v 2 شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: ــ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! ــ دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ ــ دېدى.\x + \xo 17:2 \xt چۆل. 20‏:3، 4\x* \m \v 3 لېكىن خەلق چاڭقاپ، سۇ تەلەپ قىلىپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ: ــ سەن نېمىشقا بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە مېلىمىزنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈشكە مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى. \m \v 5 پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: ــ سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ، \add نىل\add* دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىغا بارغىن؛ \x + \xo 17:5 \xt مىس. 7‏:20\x* \v 6 مانا، مەن شۇ يەردە، ھورەب تېغىدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن؛ سەن قورام تاشنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن خەلققە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، ــ دېدى. \m مۇسا ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنداق قىلدى. \f □ \fr 17:6 \ft \+bd «ھورەب تېغى»\+bd* ــ سىناي تېغىنىڭ باشقا بىر ئىسمى.\f*  \x + \xo 17:6 \xt چۆل. 20‏:9؛ زەب. 78‏:15-16؛ 114‏:8؛ 1كور. 10‏:4\x* \v 7 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جېدەللەشكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا زادى بارمۇ-يوقمۇ؟» دېيىشىپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مەرىباھ» دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 17:7 \ft \+bd «ماسساھ»\+bd* ــ «سىناش» دېگەن مەنىدە، «مەرىباھ» ــ «جېدەل-ماجرا» دېگەن مەنىدە.\f* \b \m \s1 ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش \m \v 8 شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. \x + \xo 17:8 \xt قان. 25‏:18،17\x* \v 9 مۇسا يەشۇئاغا: سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن. مەن ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تۇرىمەن، دېدى.\f □ \fr 17:9 \ft \+bd «سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن»\+bd* ــ ياكى «سەن ئۆزىمىزگە ئادەملەرنى تاللاپ، ئامالەك بىلەن سوقۇشقىلى چىققىن».\f* \v 10 يەشۇئا مۇسا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى. \v 11 شۇنداق بولدىكى، مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل غالىب كېلەتتى، لېكىن ئۇ قوللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تۇرسا، ئامالەك غالىب كېلەتتى. \v 12 مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى؛ ئاندىن ھارۇن بىلەن خۇر بىرى بىر تەرىپىدە، بىرى يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى؛ بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى تاكى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى. \v 13 شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلىچلاپ نابۇت قىلدى.\f □ \fr 17:13 \ft \+bd «قىلىچلاپ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرۇپ،...».\f* \m \v 14 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بۇ ئىشلارنى بىر كىتابقا يېزىپ قالدۇرغىن، شۇنداقلا شۇلارنى يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەر؛ چۈنكى مەن ئامالەكنىڭ نامىنى ئاسمانلارنىڭ ئاستىدىن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ مۇتلەق ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېدى.\x + \xo 17:14 \xt چۆل. 24‏:20؛ قان. 25‏:17 ،18 ،19؛ 1سام. 15‏:2، 3\x* \m \v 15 ئاندىن مۇسا بىر قۇربانگاھنى ياساپ، نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى \f □ \fr 17:15 \ft \+bd «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياھۋەھ-نىسسى».\f* \v 16 ۋە مۇسا: ــ ياھنىڭ تەختى ئالدىدا بىر قول كۆتۈرۈلۈپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەككە قارشى جەڭ قىلىدۇ» دېيىلگەنىدى، ــ دېدى.\f □ \fr 17:16 \ft \+bd «ياھ»\+bd* ــ «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلما شەكلىدۇر. \+bd «ياھنىڭ تەختى ئالدىدا بىر قول كۆتۈرۈلۈپ: ....»\+bd* ــ كىمنىڭ قولىنىڭ خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا كۆتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئېيتىلمايدۇ؛ بىزنىڭچە بۇ سىرلىق ئىش ئەرشتە خۇدانىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قەسەم قىلىپ «كۆتۈرۈلگەن قول» بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ قولى» («يەش.» 10:25، 20:41، 1:53، 14:66، «يۇھ.» 38:12)، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ \+bd قۇلى\+bd*» بولغان مەسىھ («يەش.» 1:42، 19، 6:49، 13:52)نى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 17:16 \xt 1سام. 15‏:2\x* \b \b \m \c 18 \s1 يەترونىڭ مۇسانى زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشى \m \v 1 مۇسانىڭ قېينئاتىسى، يەنى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترو خۇدانىڭ مۇسا ئۈچۈن ھەمدە ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق قىلغانلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىدى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. \x + \xo 18:1 \xt مىس. 2‏:16؛ 3‏:1\x* \v 2‏-3 شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئەسلىدە ئۆز يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن ئايالى زىپپوراھ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يولغا چىقتى (بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەنىدى. \f □ \fr 18:2‏-3 \ft \+bd «گەرشوم»\+bd* ــ «ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش.\f*  \x + \xo 18:2‏-3 \xt مىس. 2‏:22\x* \v 4 يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى). \f □ \fr 18:4 \ft \+bd «ئەلىئېزەر»\+bd* ــ «خۇدايىم ياردەمدۇر» دېگەن مەنىدە.\f* \v 5 شۇنداق قىلىپ مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ چۆلدە، خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىدا چېدىر تىكگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى. \m \v 6 ئۇ ئەسلىدە مۇساغا: ــ «مانا، مەنكى قېينئاتاڭ يەترو سېنىڭ ئايالىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنىدى. \v 7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز قېينئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ، ئۇنى سۆيدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ چېدىرغا كىردى؛ \v 8 ئاندىن مۇسا قىيناتىسىغا ئىسرائىلنىڭ ۋەجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پىرەۋن ۋە مىسىرلىقلارغا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يول بويى بېشىغا چۈشكەن جەبىر-جاپالارنى بايان قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزغىنىنى ئېيتىپ بەردى. \m \v 9 بۇنى ئاڭلاپ يەترو پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقىدىن، ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن شادلاندى. \v 10 يەترو شادلىنىپ: ــ سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۇرلەر بولغاي! ئۇ بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! \v 11 مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم؛ چۈنكى ئۇ دەل ئۇلار يوغانچىلىق قىلغان ئىشتا ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى ــ دېدى.\f □ \fr 18:11 \ft \+bd «ئۇلار يوغانچىلىق قىلغان ئىشتا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇلار» ساختا ئىلاھلار، بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ (12:12، 11:15نى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار بۇ سۆز مىسىرلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 18:11 \xt مىس. 1‏:22،16،10؛ 5‏:7؛ 14‏:18\x* \m \v 12 ئاندىن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو خۇداغا ئاتاپ بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بىرنەچچە \add تەشەككۇر\add* قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئاقساقىلى مۇسانىڭ قېينئاتىسى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائام يېيىشكە كەلدى.\f □ \fr 18:12 \ft \+bd «تەشەككۇر قۇربانلىقلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «زەباق» دېيىلىدۇ. ھارۇن ۋە ئاقساقاللارنىڭ يەترو بىلەن بىللە شۇ قۇربانلىقلاردىن يېگەنلىكى ئۇلارنىڭ تەشەككۇر قۇربانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى «تەشەككۇر قۇربانلىقلىرى»دىن سۇنغۇچى كىشىمۇ يېسە بولاتتى.\f* \b \m \s1 يەترونىڭ ئاقىلانە مەسلىھىتى \m \v 13 ئەتىسى مۇسا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇردى؛ خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە مۇسانىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشتى. \v 14 مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ خەلققە قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ زادى نېمە ئىش؟ نېمىشقا سەن \add بۇ ئىشتا\add* يالغۇز ئولتۇرىسەن، بارلىق خەلق نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ چۆرەڭدە تۇرىدۇ؟ ــ دېدى. \m \v 15 مۇسا قېينئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەلق خۇدادىن يول ئىزدەشكە مېنىڭ قېشىمغا كېلىدۇ. \v 16 قاچانكى ئۇلارنىڭ بىر ئىش-دەۋاسى چىقسا ئۇلار يېنىمغا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن ۋە شۇنداقلا خۇدانىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرىمەن، ــ دېدى. \m \v 17 مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ قىلغىنىڭ ياخشى بولماپتۇ. \v 18 سەن جەزمەن ئۆزۈڭنى ھەمدە چۆرەڭدە تۇرغان خەلقنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن؛ چۈنكى بۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ. سەن ئۇنى يالغۇز قىلىپ يېتىشەلمەيسەن. \v 19 ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي ۋە \add شۇنداق قىلساڭ،\add* خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خۇداغا مەلۇم قىلغىن؛ \v 20 سەن خەلققە قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىپ، ماڭىدىغان يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. \v 21 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، نەپسانىيەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم دىيانەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. \f □ \fr 18:21 \ft \+bd «دىيانەتلىك ئادەملەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەقىقەتكە تەۋە ئادەملەر».\f* \v 22 شۇنىڭ بىلەن بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سورايدۇ. ئەگەر چوڭ بىر ئىش-دەۋا چىقىپ قالسا، بۇنى ساڭا تاپشۇرسۇن؛ لېكىن ھەممە كىچىك ئىش-دەۋالارنى ئۇلار ئۆزلىرى بېجىرىسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى يېنىكلىتىپ، يۈكۈڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ. \v 23 ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ۋە خۇدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇسا، ئۆزۈڭ \add ۋەزىپەڭدە\add* پۇت تىرەپ تۇرالايسەن ۋە خەلقىڭمۇ خاتىرجەملىك بىلەن ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىدۇ، دېدى. \m \v 24 مۇسا قېينئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. \x + \xo 18:24 \xt قان. 1‏:9\x* \v 25 مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ قويدى. \v 26 بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سوراپ تۇردى؛ تەسرەك ئىش-دەۋالارنى بولسا، مۇساغا يوللايتتى، كىچىك ئىش-دەۋالارنى بولسا ئۆزلىرى سورايتتى. \m \v 27 ئاندىن مۇسا قېينئاتىسىنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. \b \b \m \c 19 \s1 ئىسرائىللار سىناي تېغىدا \m \v 1 ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، دەل ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كەلدى. \f □ \fr 19:1 \ft \+bd «ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بويىچە «ئۈچىنچى ئاي» يىلنىڭ (كالېندارنىڭ) ئۈچىنچى ئېيىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 2 ئۇلار رەفىدىمدىن چىقىپ، سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، چۆلدە چېدىر تىكتى؛ ئىسرائىل شۇ يەردە، تاغنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ چېدىر تىكتى. \v 3 مۇسا خۇدانىڭ ئالدىغا چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار تاغدىن ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن ياقۇپنىڭ جەمەتىگە سۆز قىلىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: ــ \x + \xo 19:3 \xt روس. 7‏:38\x* \v 4 «مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى، شۇنداقلا مەن سىلەرنى خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، ئۆز قېشىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار. \f □ \fr 19:4 \ft \+bd «خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك،...»\+bd* ــ بەزىدە ئانا بۈركۈت بالىلىرىغا ئۇچۇشنى ئۆگەتكەندە ئۇلارنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئۇچىدۇ.\f*  \x + \xo 19:4 \xt قان. 29‏:1؛ 32‏:11\x* \v 5 ئەمدى سىلەر دەرھەقىقەت مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا بارلىق ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ماڭا خاس بىر گۆھەر بولىسىلەر ــ چۈنكى پۈتكۈل يەر مېنىڭكىدۇر ــ \x + \xo 19:5 \xt قان. 7‏:6؛ 10‏:15،14؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ زەب. 135‏:4؛ يەش. 41‏:8؛ تىت. 2‏:14\x* \v 6 ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 19:6 \ft \+bd «سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ... بولىسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر ماڭا پادىشاھلار ۋە كاھىنلار ...بولىسىلەر».\f*  \x + \xo 19:6 \xt 1پېت. 2‏:9\x* \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان شۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. \m \v 8 خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇسا خەلقنىڭ جاۋاب سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەتكۈزدى.\x + \xo 19:8 \xt مىس. 24‏:3\x* \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغىنىمدا خەلق ئاۋازىمنى ئاڭلىسۇن، ھەمىشە ساڭا ئىشەنسۇن دەپ، يېنىڭغا قارا بۇلۇتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە كېلىمەن، دەپ ئېيتتى. مۇسامۇ خەلقنىڭ دېگەنلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاڭلاتتى. \m \v 10 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدۇرغىن. \v 11 ئۇلار ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۈچىنچى كۈنى بارلىق خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا چۈشىدۇ. \v 12 سەن خەلق ئۈچۈن \add تاغنىڭ\add* ئەتراپىغا بىر پاسىل قىلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ئېھتىيات قىلىڭلار، تاغقا چىقماڭلار ياكى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تېگىپ كەتمەڭلار. كىمكى تاغقا تەگسە ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ؛ \f □ \fr 19:12 \ft \+bd «خەلق ئۈچۈن تاغنىڭ ئەتراپىغا»\+bd* ــ ياكى «خەلق ئەتراپىغا».\f*  \x + \xo 19:12 \xt ئىبر. 12‏:18\x* \v 13 ئۇنىڭغا ھەتتا بىرەر قولى تېگىپ كەتسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. مەيلى ھايۋان ياكى ئىنسان بولسۇن، شۇنداق قىلسا، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن» ــ دەپ ئېيتقىن. لېكىن كاناي ئۇزۇن چېلىنسا، ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىگە چىقسۇن، دېدى.\f □ \fr 19:13 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ... تېگىپ كەتسىمۇ»\+bd* ــ دېمەك تاغقا تېگىش. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭغا (تاغقا تەگكەن كىشىگە) ئادەمنىڭ قولى تەگمىسۇن...». \+bd «چالما-كېسەك قىلىنسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن»\+bd* ــ دېمەك، تاغقا تەگكەن كىشىنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ بىراق خىلاپلىق قىلغان ئۇنداق بىر كىشىنى تاغ ئېتىكىدە (قەتئىي چەكلەنگەن جايغا كىرگەنلىكى سەۋەبلىك) ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا تەگسە ياكى ئۇنىڭغا يېقىن بارسا بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ياكى ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈش كېرەك ئىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «(خۇدا تەرىپىدىن) ئۆلتۈرۈلىدۇ».\f* \m \v 14 مۇسا تاغدىن چۈشۈپ خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، خەلقنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلدى؛ ئۇلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدى. \v 15 ئاندىن مۇسا خەلققە: ــ ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرۇڭلار؛ ھېچكىم ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىسۇن، دېدى.\x + \xo 19:15 \xt 1سام. 21‏:4؛ 1كور. 7‏:5\x* \m \v 16 ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، تاڭ يورۇشى بىلەن شۇنداق بولدىكى، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغ ئۈستىدە قويۇق بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولدى، زور قاتتىق چېلىنغان كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنى كۆرۈپ چېدىرگاھدىكى پۈتكۈل خەلق قورقۇنچىدىن تىترەپ كەتتى. \f □ \fr 19:16 \ft \+bd «گۈلدۈرمامىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاۋازلار». \+bd «كاناينىڭ ئاۋازى»\+bd* ــ ياكى «بۇرغا ئاۋازى».\f*  \x + \xo 19:16 \xt ئىبر. 12‏:18\x* \v 17 مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا چېدىرگاھدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇردى. \x + \xo 19:17 \xt قان. 4‏:11،10\x* \v 18 پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا ئوتتا چۈشۈپ كەلگىنى ئۈچۈن ئىس-تۈتەك پۈتكۈل تاغنى قاپلىدى؛ ئىس-تۈتەك خۇمداندىن ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەكتەك ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى. پۈتكۈل تاغ قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى. \x + \xo 19:18 \xt ھاك. 5‏:4؛ زەب. 68‏:8؛ 77‏:18؛ 114‏:4؛ 144‏:5؛ ھاب. 3‏:10\x* \v 19 كاناي ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىنتايىن قاتتىق چىقتى. مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى. \f □ \fr 19:19 \ft \+bd «مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇسا سۆز قىلىۋاتاتتى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بېرىۋاتاتتى».\f* \v 20 پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىغا، تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشتى؛ ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسانى تاغنىڭ چوققىسىغا چاقىرىۋىدى، مۇسا تاغقا چىقتى. \m \v 21 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن چۈشۈپ خالايىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئۇلار «پەرۋەردىگارنى كۆرىمىز» دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلاردىن كۆپ ئادەم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئېيتقىن. \v 22 پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار \add سېپىلنى\add* بۆسكەندەك ئۇلارغا ھالاكەت يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. \m \v 23 مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ خالايىقنىڭ سىناي تېغىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇڭ: تاغنى «مۇقەددەس» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا پاسىللارنى بېكىتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدىڭ، ــ دېدى. \m \v 24 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ماڭ، سەن چۈشۈپ كەتكىن. ئاندىن سەن ھارۇننى ئېلىپ، بىللە چىققىن؛ لېكىن كاھىنلار ۋە خەلق بولسا پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بارايلى دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ بولمىسا، \add پەرۋەردىگار سېپىلنى\add* بۆسكەندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ــ دېدى. \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلقنىڭ قېشىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا بۇ سۆزنى يەتكۈزدى. \b \b \m \c 20 \s1 ئون پەرز \m \v 1 خۇدا مۇنۇ بارلىق سۆزلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 مەن سېنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن.\x + \xo 20:2 \xt مىس. 13‏:3؛ قان. 5‏:6؛ زەب. 81‏:10\x* \m \v 3 سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. \m \v 4 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما.\f □ \fr 20:4 \ft \+bd «سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما»\+bd* ــ 5-ئايەتتىن ئېنىق كۆرۈنىدىكى، 4-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... شەكلىدە.. ياسىما» دېگەن بۇ ئەمرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئادەملەر چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسىغان ھەرقانداق شەكىللەردۇر. دېمەك، بۇ يازمىلاردا سەنئەتنىڭ ئۆزى ياكى بەدىئىي ئىجادىيەت، مەسىلەن رەسساملىق ياكى ھەيكەلتىراشلىق مەنئى قىلىنغان ئەمەس. مەسىلەن، «مۇقەددەس چېدىر» ۋە كېيىنكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»دا بىرنەچچە سۈرەتلەر (خېرۇبلار، گۈللەر، خورما دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى) كۆرۈنىدۇ. بۇلار بۇتلار ئەمەس، پەقەت بېزەش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن.\f*  \x + \xo 20:4 \xt لاۋ. 26‏:1؛ زەب. 97‏:7\x* \m \v 5 سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن، \f □ \fr 20:5 \ft \+bd «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرى»\+bd* ــ بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «قانۇن شەرھى»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp «مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن» ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى، شۇنداقلا «ئەزاكىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى ( 18-، 33-بابلار توغرۇلۇق) كۆرۈڭ.\f* \v 6 ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن.\f □ \fr 20:6 \ft \+bd «ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭلىغان ئەۋلادىغىچە»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغان مىڭلىغانلىرىغا...». بىراق «قان.» 9:7 تەرجىمىمىزگە ماس كېلىدۇ. \+bd «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق» ئىبرانىي تىلىدا «خەسەد» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر بولۇپ، كۆپ يەرلەردە «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت» ياكى «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. كۆپ يەرلەردە بىر خىل ئەھدە بىلەن باغلىق بولىدۇ؛ شۇڭا سۆزنىڭ ئۇزۇنراق بىرخىل تەرجىمىسى: «مېھىر-مۇھەببەت تۈپەيلىدىن ئەھدىدە دائىم تۇرىدىغانلىقى» دېگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ سۆز «يار.» 23:21، 12:24، 10:32، «مىس.» 13:15، 6:34، 7لەردە ئىشلىتىلگەن.\f* \m \v 7 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ.\x + \xo 20:7 \xt لاۋ. 9‏:12؛ مات. 5‏:33\x* \m \v 8 شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن. \x + \xo 20:8 \xt ئ‍ەز. 20‏:12\x* \v 9 ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ \x + \xo 20:9 \xt مىس. 23‏:12؛ 34‏:21؛ لۇقا 13‏:14\x* \v 10 لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. \f □ \fr 20:10 \ft \+bd «يەتتىنچى كۈنى.....شابات كۈنىدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شابات» ۋە «يەتتىنچى» دېگەنلەر ئاھاڭداش سۆز. \+bd «سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 11 چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىننى، دېڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارىنى ياراتتى ئاندىن يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى بەخت-بەرىكەتلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن دەپ بېكىتتى.\x + \xo 20:11 \xt يار. 2‏:2؛ ئىبر. 4\x* \m \v 12 ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.\x + \xo 20:12 \xt مات. 15‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:2\x* \m \v 13 قاتىللىق قىلما.\x + \xo 20:13 \xt مات. 5‏:21\x* \m \v 14 زىنا قىلما.\x + \xo 20:14 \xt مات. 5‏:27\x* \m \v 15 ئوغرىلىق قىلما. \m \v 16 قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.\f □ \fr 20:16 \ft \+bd «قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە «قوشناڭ» خۇدا بىزنىڭ يېنىمىزغا يېقىن قىلغان ھەربىر ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 17 سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما.\f □ \fr 20:17 \ft \+bd «قوشناڭ»\+bd* ــ بۇ سۆز توغرۇلۇق يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:17 \xt رىم. 7‏:7\x* \b \m \s1 خەلقنىڭ ۋەھىمىسى \m \v 18 پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى \v 19 ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى.\x + \xo 20:19 \xt قان. 5‏:25؛ ئىبر. 12‏:19\x* \m \v 20 مۇسا خالايىققا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 20:20 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭدىن بولغان قورقۇنچ سېنىڭ كۆز ئالدىدا بولۇپ، بۇ گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر».\f* \v 21 شۇنىڭ بىلەن خالايىق نېرىدا تۇردى؛ لېكىن مۇسا خۇدا ئىچىدە تۇرغان قويۇق بۇلۇتنىڭ قېشىغا يېقىن باردى.\x + \xo 20:21 \xt مىس. 19‏:17؛ ئىبر. 12‏:18\x* \b \m \s1 قۇربانگاھ توغرىسىدىكى نىزام \m \v 22 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ئەرشتىن سۆز قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار. \v 23 سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا ئىلاھ دەپ كۈمۈشتىن بۇتلار ياسىماڭلار، ياكى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالتۇندىن بۇتلارنى ياسىماڭلار. \m \v 24 ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى \add ھۆرمەت بىلەن\add* ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن.\x + \xo 20:24 \xt مىس. 27‏:1؛ 38‏:1\x* \m \v 25 ــ ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشلاردىن قۇربانگاھ ياسىماقچى بولساڭ، يونۇلغان تاشلاردىن ياسىمىغىن؛ چۈنكى تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ. \f □ \fr 20:25 \ft \+bd «تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ»\+bd* ــ 4-ئايەتتىكى ئەمر بويىچە، خۇدانى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق سۈرەت ياكى شەكىل بولمايدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئەمر قۇربانگاھ تاشلىرىنىڭ ئۈستىدە ھېچقانداق شەكىل-سۈرەتلەرنىڭ بولماسلىقى («ناپاك» بولمىسۇن دەپ)، بۇتپەرەسلىك گۇناھىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن. \fp \f*  \x + \xo 20:25 \xt قان. 27‏:5؛ يە. 8‏:30، 31\x* \v 26 قۇربانگاھىمغا چىقىدىغان پەلەمپەي بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولغاندا، پەلەمپەيدىن چىققۇچە ئەۋرىتىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن»، ــ دېدى. \b \b \m \c 21 \s1 قۇللارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر \m \v 1 ــ سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر مۇنۇلاردۇر: ــ \m \v 2 ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمىتىڭدە بولۇپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ھۆر قىلىنسۇن. \x + \xo 21:2 \xt قان. 15‏:12؛ يەر. 34‏:14\x* \v 3 ئۇ قۇل قىلىنىشقا تەنھا ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، تەنھا ھالەتتە كەتسۇن. ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن. \m \v 4 ئەگەر خوجىسى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا، شۇنداقلا ئايالى ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايال بالىلىرى بىلەن خوجىسىغا قېلىپ، ئەر يالغۇز كەتسۇن. \v 5 لېكىن ئەگەر قۇل ئېلان قىلىپ: «مەن خوجام، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن ھۆر بولۇپ كەتمەيمەن» دېسە، \x + \xo 21:5 \xt قان. 15‏:16\x* \v 6 ئۇنداقتا ئۇنىڭ خوجىسى ئۇنى خۇدانىڭ \add ئىبادەت سورۇنىنىڭ\add* ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن؛ ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەڭگۈگە خوجىسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ.\f □ \fr 21:6 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئىبادەت سورۇنىنىڭ ئالدىغا»\+bd* ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا» ياكى «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا». \+bd «ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن»\+bd* ــ دېمەك، قۇلنىڭ قۇلىقىنى ئىشىك قانىتىغا ياكى ئىشىك كېشىكىگە يېقىپ تۇرۇپ، قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى ئىشىككە ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىگە مىخلايدۇ.\f* \m \v 7 ئەگەر بىركىم قىزىنى دېدەكلىككە سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئەر قۇللار ھۆر قىلىنغاندەك ھۆر قىلىنمىسۇن. \v 8 ئەگەر ئۆزىگە خاس سېتىۋالغان قىز خوجىسىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ ئۇنى ھۆر قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. لېكىن خوجىسىنىڭ ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ چۈنكى خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. \f □ \fr 21:8 \ft \+bd «خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر»\+bd* ــ ئادەتتە ئەر كىشى دېدەك سېتىۋالغان بولسا، ئۇنى ئۆز كېنىزىكى ياكى توقىلى قىلىپ ئەمرىگە ئالغان ھېسابلىناتتى. شۇڭا دېدەكنىڭ كەم دېگەندىمۇ توقاللىق ھوقۇقى بار ئىدى.\f* \v 9 ئەگەر ئۇ قىزنى ئوغلىغا خاس بېكىتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن. \m \v 10 ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن. \v 11 ئەگەر ئۇ شۇ ئۈچ ئىشنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بەدەل تۆلىمەي ھۆر بولسۇن. \b \m \s1 ئۇرۇش-تالاش ھەققىدە \m \v 12 كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. \x + \xo 21:12 \xt لاۋ. 24‏:17\x* \v 13 لېكىن ئەگەر ئۇ كىشى \add ئۆلگۈچىنىڭ\add* جېنىنى پايلاپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، بەلكى مەن خۇدا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە يول قويغان بولسام، ئۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇنىڭغا قاچىدىغان بىر جاينى ئورۇنلاشتۇرىمەن. \v 14 لېكىن ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ، ئۇنىڭغا قەستەن ھۇجۇم قىلسا، ئۇ گەرچە \add پاناھ ئىزدەپ\add* قۇربانگاھىمغا قېچىپ كەلسىمۇ، ئۇ شۇ يەردە تۇتۇلسۇن ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. \m \v 15 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.\x + \xo 21:15 \xt مات. 15‏:4\x* \m \v 16 كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ ساتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقى مەلۇم بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. \m \v 17 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا لەنەت قىلىپ قارغىغان بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.\x + \xo 21:17 \xt لاۋ. 20‏:9؛ پەند. 20‏:20؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10\x* \b \m \s1 باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھەققىدە \m \v 18 ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش يا موشتى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، \v 19 ئۇ كىشى قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇرغان كىشى جازادىن خالاس قىلىنسۇن؛ پەقەت زەخىملەنگۈچىنىڭ يېتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇنى داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتسۇن. \m \v 20 ئەگەر بىرسى قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياقتا ئۇرسا، شۇنداقلا قۇل ياكى دېدەك نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن \add ئىگىسى\add* چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن. \f □ \fr 21:20 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىسى چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدۇ».\f* \v 21 لېكىن ئەگەر تاياق يېگۈچى بىر-ئىككى كۈن تىرىك تۇرسا، ئۇنداقتا قۇل خوجايىنىنىڭ شەخسى مال-مۈلكى بولغىنى ئۈچۈن، قۇلنىڭ جازاسىغا تارتىلمىسۇن. \m \v 22 ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. \f □ \fr 21:22 \ft \+bd «بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا»\+bd* ــ ياكى «بالىسى چۈشۈپ كېتىشتىن باشقا». ئالدى-كەينى سۆزلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ يەردە پەقەت «بالدۇر تۇغۇلسا» دېگەن تەرجىمىسى توغرا بولسا كېرەك.\f* \v 23 ئەگەر \add ئايال ياكى بالا\add* زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان، \f □ \fr 21:23 \ft \+bd «ئەگەر ئايال ياكى بالا زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئەگەر زەرەر-زەخمەت بولۇپ چىقسا،...» دېيىلىدۇ.\f* \v 24 كۆزىگە كۆز، چىشىغا چىش، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت، \x + \xo 21:24 \xt لاۋ. 24‏:20؛ قان. 19‏:21؛ مات. 5‏:38\x* \v 25 كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم، كۆككە كۆك تۆلەنسۇن. \v 26 ئەگەر بىرسى ئۆز قۇل يا دېدىكىنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ناكار قىلىپ قويسا، كۆزى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن. \v 27 شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن». \b \m \s1 مال-ئۇلاغلار توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەر \m \v 28 ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. لېكىن كالىنىڭ ئىگىسىگە گۇناھ كەلمىسۇن. \x + \xo 21:28 \xt يار. 9‏:5\x* \v 29 لېكىن بۇ ئۇينىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسۈش ئادىتى بولۇپ، ئىگىسىگە بۇ ھەقتە ئاگاھ بېرىلگەن بولسا، لېكىن يەنىلا ئۇنى باغلىمىغىنى ئۈچۈن ئەر-ئايال كىشىلەرنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. \v 30 لېكىن ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى بەرسۇن. \v 31 كالىدىن ئۈسۈلگۈچى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئوخشاشلا يۇقىرىقى ھۆكۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنسۇن. \v 32 كالا قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئۈسۈلگۈچىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شەكەل كۈمۈش بەرسۇن؛ ئاندىن كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن. \m \v 33 ئەگەر بىرسى بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان ئورىنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، \f □ \fr 21:33 \ft \+bd «بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى»\+bd* ــ ياكى «بىر قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى».\f* \v 34 ئۇنداقتا ئورىنىڭ ئىگىسى مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن؛ ئۆلگەن مال ئۇنىڭكى بولىدۇ. \m \v 35 ئەگەر بىرسىنىڭ كالىسى يەنە بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تىرىك قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلۈك كالىنىمۇ شۇنداق بۆلۈشسۇن. \v 36 لېكىن كالىنىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقى ئېنىق تۇرۇپ، ئىگىسى ئۇنى باغلىماي قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈسكۈچى كالىنىڭ ئىگىسى كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن، ئۆلۈك كالا ئۇنىڭ بولسۇن. \b \b \m \c 22 \s1 تۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى نىزام \m \v 1 ئەگەر بىرسى بىر كالا ياكى قوينى ئوغرىلاپ، ئۇنى سويسا يا سېتىۋەتسە، ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن.\f □ \fr 22:1 \ft \+bd «... ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن»\+bd* ــ نېمىشقا كالىنى بەش ھەسسە، قوينى تۆت ھەسسىلەپ تولۇقلاش كېرەك؟ كالا-قوي ھەر ئىككىسى گۆش، يۇڭ-تېرە ۋە سۈت بېرەلەيدۇ، كالا يەنە ئەمگەك قىلالايدۇ؛ شۇڭا كالىنىڭ كەملىكى كۆپرەك زىياننى كەلتۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 22:1 \xt 2سام. 12‏:6\x* \m \v 2 ئوغرى تام تەشكەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە خۇن جازاسى كەلمىسۇن. \v 3 لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن. \m ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تۆلەپ زىياننى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا بىر نېمە بولمىسا، قۇللۇققا سېتىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى تۆلىشى كېرەك. \m \v 4 ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، كالا بولسۇن، ئېشەك بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن.\f □ \fr 22:4 \ft \+bd «ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، ... ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن»\+bd* ــ نېمىشقا بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن جازا 1-ئايەتتىكى جازىغا ئوخشىمايدۇ؟ بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە: (ئا) ئوغرىلانغان مال تېخى ئوغرىنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئىگىسىنىڭ زىيىنى 1-ئايەتتىكىدىن ئاز بولۇشى مۇمكىن؛ (ئە) بۇ ئوغرى تېخى 1-ئايەتتىكى ئوغرىدەك يامانلىقنى ئۆگەنگەن ئەمەس؛ (پ) 4-ئايەتتىكى ئوغرىنىڭ كالا-قوينى ئوغرىلاش گۇناھىنى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ ئۈچ پىكرىگە قايىلمىز.\f* \m \v 5 ئەگەر بىرسى ئۆز مال-چارۋىلىرىنى ئېتىزلىققا ياكى ئۈزۈمزارلىققا ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ باغ-ئېتىزلىقىدا ئوتلاشقا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مېۋىسىدىن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. \m \v 6 ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆنچىلەرنى، باش تارتىپ پىشقان زىرائەتنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل ئېتىزلىقنى كۈل قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.\f □ \fr 22:6 \ft \+bd «تىكەنلىك»\+bd* ــ ئېتىزلار ئارىسىدىكى چىتلار ياكى قاشالار ئادەتتە تىكەنلەردىن قىلىنىدۇ.\f* \m \v 7 ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-دۇنياسىنى ئامانەت قىلغان بولسا، بۇلار ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، شۇنداقلا ئوغرى كېيىن تۇتۇلسا، ئۇ ئوغرىلىغىنىنى ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. \v 8 لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. \v 9 ھەرخىل خىيانەت، ئۇ مەيلى كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك بولسۇن، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسە بولسۇن، ئۇلار توغرۇلۇق بىر قوشنىسى: «ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىدى» دەپ تالاشقان بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ دەۋاسى ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن؛ ھاكىملار قايسىغا گۇناھ بېكىتسە، شۇ قوشنىسىغا ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن.\f □ \fr 22:9 \ft \+bd «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا...»\+bd* ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا...». \+bd «ھاكىملار قايسىغا...»\+bd* ــ ياكى «خۇدا قايسىغا...».\f* \m \v 10 ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر چارپاينى ئامانەت قىلسا، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ياكى زەخىملەنسە، ياكى ھەيدەپ ئەكىتىلسە، \f □ \fr 22:10 \ft \+bd «ھەيدەپ ئەكىتىلسە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «بۇلىنىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ يەردە بەلكىم تاسادىپىي بىر ئىشنى، مەسىلەن چۆچۈپ كېتىپ، چېچىلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ ئوغرىلىنىش مەسىلىسى 12-ئايەتتە كۆرسىتىلىدۇ.\f* \v 11 ئۇنداقتا قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن؛ قوشنىسى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بەرمىسۇن. \f □ \fr 22:11 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن»\+bd* ــ بۇ قەسەمنى بەلكىم، ئىگىسى: «مەن ھەقىقەتەن شۇ نەرسىنى پالانچى كىشىگە تاپشۇرۇپ ئامانەت قىلدىم» دېگەندەك، ئامانەتنى قوبۇل قىلغۇچى كىشى: «مەن شۇ ئامانەتنى ھەقىقەتەن يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇنى ئوغرىلىمىدىم، باشقىلارغا ساتمىدىم» دېگەندەك قىلىشى مۇمكىن.\f* \v 12 لېكىن مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. \v 13 ئەگەر ئۇنى ۋەھشىي ھايۋان بوغۇپ قويغان بولسا، ئۇ مالنىڭ قالدۇقىنى گۇۋاھلىق ئۈچۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ. \m \v 14 ئەگەر بىرسى قوشنىسىدىن بىر ئۇلاغنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. \v 15 لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى تۆلەپ بەرمىسۇن؛ ئۇلاغ ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، ئالغۇچى تۆلەم تۆلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنى ئىجارە تۆلەپ ئەكەلگەن. \b \m \s1 ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت \m \v 16 ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. \v 17 لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىسا، زىنا قىلغۇچى پاك قىزلارنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈمۈش پۇلنى تارازىدا ئۆلچەپ بەرسۇن. \m \v 18 جادۇگەر خوتۇننى تىرىك قويمىغىن.\x + \xo 22:18 \xt قان. 18‏:11،10\x* \m \v 19 ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھەربىرى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.\x + \xo 22:19 \xt لاۋ. 18‏:23؛ 20‏:15\x* \m \v 20 كىمدەكىم بىردىنبىر پەرۋەردىگاردىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھغا قۇربانلىق سۇنسا، ھارام دەپ مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن.\f □ \fr 22:20 \ft \+bd «مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ھارام» قىلىنسۇن»؛ «ھارام» ــ «مۇتلەق ھالاك قىلىنىش كېرەك» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 22:20 \xt قان. 17‏:2، 3، 4، 5\x* \m \v 21 سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىكەنسىلەر، مۇساپىر بولغان كىشىنى ھېچ خارلىماڭلار ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھېچ زۇلۇم قىلماڭلار.\x + \xo 22:21 \xt لاۋ. 19‏:34\x* \m \v 22 ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار. \x + \xo 22:22 \xt زەك. 7‏:10\x* \v 23 سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛ \v 24 شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ. \m \v 25 ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا جازانىخورلاردەك مۇئامىلە قىلمىغىن؛ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالماڭلار.\x + \xo 22:25 \xt لاۋ. 25‏:37،36؛ قان. 23‏:19،18؛ زەب. 15‏:5؛ پەند. 28‏:8؛ ئ‍ەز. 18‏:8\x* \m \v 26 ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەر. \x + \xo 22:26 \xt قان. 24‏:13،12\x* \v 27 چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى بولۇپ، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم شۇدۇر. ئۇ بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنىپ ياتىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ماڭا پەرياد قىلسا، پەريادىنى ئاڭلايمەن؛ چۈنكى مەن شەپقەتلىكتۇرمەن. \m \v 28 خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما.\f □ \fr 22:28 \ft \+bd «خۇدا(غا)»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم»(غا). بۇ سۆز بەزىدە خۇدانىڭ ۋەكىللىرى بولغان «ھاكىملار»نى بىلدۈرىدۇ («زەب.» 82-كۈي ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ). شۇڭا بەزى تەرجىمىلەردە «ھاكىملار» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 22:28 \xt مىس. 21‏:6، 8؛ روس. 23‏:3، 4، 5\x* \m \v 29 خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئاشقىنىدىن ۋە شاراب-زەيتۇن مېيى كۆلچىكىڭدىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن. \m سەن ئوغۇللىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ماڭا ئاتىغىن.\f □ \fr 22:29 \ft \+bd «خامىنىڭنىڭ ھوسۇلى ...دىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى (باشقا يەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا) تۇنجى ھوسۇلنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ ئايەتنىڭ ئۆزىدە ئۇنداق بىۋاسىتە ئېيتىلمايدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «تۇنجى ئوغۇللارنىڭ خۇداغا ئاتىلىشى» توغرۇلۇق ھەم 30-ئايەت «چارپاينىڭ تۇنجىلىرى» توغرۇلۇق بولغاچقا، 29-ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمى بەلكىم «تۇنجى ھوسۇل» توغرۇلۇق بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 22:29 \xt مىس. 13‏:12،2\x* \m \v 30 كالا بىلەن قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىغىن؛ تۇنجى بالا يەتتە كۈنگىچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسۇن؛ ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇنى ماڭا ئاتاپ سۇنغىن.\x + \xo 22:30 \xt مىس. 23‏:19؛ لاۋ. 22‏:27؛ ئ‍ەز. 44‏:30\x* \m \v 31 سىلەر ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس كىشىلەر بولىسىلەر؛ شۇڭا دالادا يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن بوغۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىڭلار.\x + \xo 22:31 \xt لاۋ. 22‏:8؛ ئ‍ەز. 44‏:31\x* \b \b \m \c 23 \s1 ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق \m \v 1 يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن. \m \v 2 توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما. \v 3 كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما.\x + \xo 23:3 \xt لاۋ. 19‏:15\x* \m \v 4 دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر. \x + \xo 23:4 \xt قان. 22‏:1، 2؛ لۇقا 6‏:27؛ فىل. 2‏:4\x* \v 5 ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر.\x + \xo 23:5 \xt قان. 22‏:4\x* \m \v 6 ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما.\x + \xo 23:6 \xt قان. 27‏:19\x* \m \v 7 ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن. \v 8 شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.\x + \xo 23:8 \xt قان. 16‏:19؛ 1سام. 8‏:3؛ پەند. 19‏:6؛ توپ. 7‏:7\x* \m \v 9 مۇساپىر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلما؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ روھىي ھالىنى بىلىسىلەر.\x + \xo 23:9 \xt مىس. 22‏:21؛ لاۋ. 19‏:33؛ قان. 24‏:17\x* \b \m \s1 «شابات يىلى» ۋە شابات كۈنى \m \v 10 ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇللىرىنى ئال. \v 11 لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛ خەلقىڭنىڭ نامراتلىرى ئۇنىڭدىن يىغىپ يېسۇن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى جاڭگالدىكى ھايۋانلار يېسۇن؛ شۇنداقلا ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنزارلىقىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن.\f □ \fr 23:11 \ft \+bd «لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛...»\+bd* ــ خۇدا ئۆز خەلقىگە شۇنداق ئەمر بەرگەنىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدۇ. بۇ ئەمرگە باغلىق ۋەدىلەر توغرىسىدا «لاۋ.» 1:25-7، 11، 12نى، بولۇپمۇ 20-22-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:11 \xt لاۋ. 25‏:4، 5\x* \m \v 12 ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.\x + \xo 23:12 \xt مىس. 20‏:8؛ 31‏:13-17.\x* \m \v 13 مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن.\f □ \fr 23:13 \ft \+bd «مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سىلەرگە ئېيتقىنىم... ئادا قىلىڭلار» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 23:13 \xt چۆل. 32‏:38؛ يە. 23‏:7؛ زەب. 16‏:4؛ ھوش. 2‏:19؛ زەك. 13‏:2\x* \b \m \s1 ئۈچ مۇھىم ھېيت-بايرام \m \v 14 ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىن. \v 15 ئالدى بىلەن «پېتىر نان ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدىكى بېكىتىلگەن كۈنلەردە يەتتە كۈن پېتىر نان يېگىن؛ چۈنكى شۇ ئايدا سەن مىسىردىن چىققانىدىڭ. شۇ ھېيتتا ھېچكىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.\x + \xo 23:15 \xt مىس. 12‏:15،14؛ 13‏:3؛ 34‏:20؛ قان. 16‏:16\x* \m \v 16 سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز.\f □ \fr 23:16 \ft \+bd «ئورما ھېيتى»\+bd* ــ مۇشۇ ھېيت يەنە «ھەپتىلەر ھېيتى» ھەم «دەسلەپكى ئورما ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. \+bd «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭ»\+bd* ــ مۇشۇ «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭ» ئاشلىقلارنى ھەم ھەرخىل مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»\+bd* ــ مۇشۇ ھېيت يەنە «كەپىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.\f* \m \v 17 يىلدا ئۈچ قېتىم ئەركەكلىرىڭنىڭ ھەممىسى رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولسۇن. \m \v 18 سەن ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن سۇنمىغىن؛ ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى بولسا كېچىچە قوندۇرۇپ ئەتىگىچىگە ساقلىما.\f □ \fr 23:18 \ft \+bd «قۇربانلىق»\+bd* ــ بۇ سۆز ئادەتتە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» ياكى «تەشەككۇر قۇربانلىقى»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 19 زېمىنىڭدىكى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەل. \m ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما.\f □ \fr 23:19 \ft \+bd «ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما»\+bd* ــ بۇ ئەمر بەلكىم ئەتراپتىكى بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ مەلۇم ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگەشمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:19 \xt مىس. 34‏:26\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يوللارنى تەييارلىشى \m \v 20 مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. \x + \xo 23:20 \xt مىس. 33‏:2\x* \v 21 سەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال. ئۇنىڭ زىتىغا تەگمە؛ بولمىسا، ئۇ ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى كەچۈرمەيدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدىدۇر. \f □ \fr 23:21 \ft \+bd «ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈڭگە قارا» («شامار») دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 20-ئايەتتە پەرىشتىنىڭ ئۇلارنى «قوغدايدىغانلىقى» (ئىبرانىي تىلىدا «قارايدىغانلىقى») «شامار» دېگەن ئوخشاش پېئىل بىلەن ئىپادلىنىدۇ.\f* \v 22 لېكىن ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، مەن دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن، كۈشەندىلىرىڭگە كۈشەندە بولىمەن. \x + \xo 23:22 \xt يار. 12‏:3\x* \v 23 چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. \m \v 24 سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئۇرۇپ ئىبادەت قىلما ۋە ياكى ئۇلار قىلغاندەك قىلما؛ بەلكى ئۇلارنىڭ \add بۇتلىرىنى\add* ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كۇكۇم-تالغان قىلىۋەت؛ \f □ \fr 23:24 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت،...»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنى (قانائانىيلارنىڭ) يوقىتىپ،...».\f* \v 25 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن. \x + \xo 23:25 \xt مىس. 15‏:26؛ قان. 7‏:15\x* \v 26 بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ھېچبىر ئايال ياكى چارپاي بولمايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن.\x + \xo 23:26 \xt قان. 7‏:14\x* \m \v 27 مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ۋەھىمىمنى ئەۋەتىمەن، قايسى تائىپىگە يېقىنلاشساڭ شۇلارنى پاراكەندە قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە دۈشمەنلىرىڭنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن. \x + \xo 23:27 \xt مىس. 14‏:24؛ يە. 10‏:10\x* \v 28 ھىۋىيلار، قانائانىيلار ۋە ھىتتىيلارنى ئالدىڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە سېرىق ھەرىلەرنى ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. \f □ \fr 23:28 \ft \+bd «سېرىق ھەرە»\+bd* ــ بۇ ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتىكى ھەرىدىن چوڭ ۋە تېخىمۇ چاققاق بىرخىل ھەرىنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 23:28 \xt قان. 7‏:20؛ يە. 24‏:12\x* \v 29 ئەمما زېمىننىڭ خارابىلىشىپ، دالادا ۋەھشىي ھايۋانلار ئاۋۇپ ساڭا خەۋپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن بىر يىلغىچە ھەيدىۋەتمەيمەن، \v 30 بەلكى سەن ئاۋۇپ، زېمىننى \add پۈتۈنلەي\add* مىراس قىلىپ بولغۇچە، ئاز-ئازدىن ھەيدەپ تۇرىمەن. \m \v 31 سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، شۇنىڭدەك چۆلدىن تارتىپ \add ئەفرات\add* دەرياسىغىچە بېكىتىمەن؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيدىۋېتىپ يېرىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. \f □ \fr 23:31 \ft \+bd «فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزى»\+bd* ــ «ئوتتۇرا دېڭىز»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 23:31 \xt چۆل. 34‏:3، 4\x* \v 32 سەن ئۇلار بىلەن ۋە ياكى ئىلاھلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر ئەھدە تۈزمە. \x + \xo 23:32 \xt مىس. 34‏:15،12؛ قان. 7‏:2\x* \v 33 ئۇلارنىڭ سېنى ئالدىمدا گۇناھقا پاتقۇزماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى زېمىنىڭدا قەتئىي تۇرغۇزما. چۈنكى مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولساڭ، بۇ ئىش ساڭا تۇزاق بولىدۇ.\x + \xo 23:33 \xt يە. 23‏:13؛ ھاك. 2‏:3\x* \b \b \m \c 24 \s1 خۇدانىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن مۇقەددەس ئەھدىنى تۈزۈشى \m \v 1 ئۇ مۇساغا يەنە: ــ «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن يەتمىش ئادەمنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ سەجدە قىلىڭلار. \v 2 پەقەت مۇسالا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن؛ باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن، خەلق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىگە چىقمىسۇن، ــ دېدى. \b \m \v 3 مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.\x + \xo 24:3 \xt مىس. 19‏:8؛ 24‏:7؛ قان. 5‏:27\x* \m \v 4 ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى. \v 5 يەنە ئىسرائىللارنىڭ بىرنەچچە يىگىتلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى، ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىرنەچچە تورپاقنىمۇ سويۇپ سۇندى. \v 6 ئاندىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى قاچىلارغا قاچىلىدى، يەنە يېرىمىنى قۇربانگاھ ئۈستىگە چاچتى. \v 7 ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 24:7 \ft \+bd «خەلققە ئوقۇپ بەردى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەردى».\f* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قاچىلاردىكى قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر، دېدى.\x + \xo 24:8 \xt ئىبر. 9‏:20؛ 1پېت. 1‏:2\x* \m \v 9 ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش ئادەم بىلەن بىللە تاغ ئۈستىگە چىقىشتى. \v 10 ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى؛ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا خۇددى كۆك ياقۇتتىن ياسالغان نەپىس پاياندازدەك، ئاسمان گۈمبىزىدەك سۈپسۈزۈك بىر جىسىم بار ئىدى. \f □ \fr 24:10 \ft \+bd «ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى»\+bd* ــ يەنى، خۇدانىڭ ئۆزىنى ئايان قىلغانلىقىنى كۆردى.\f*  \x + \xo 24:10 \xt ۋەھ. 4‏:6\x* \v 11 لېكىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە قول تەگكۈزمىدى؛ ئۇلار خۇدانى كۆرۈپ تۇردى ھەمدە يەپ-ئىچىشتى. \b \m \s1 مۇسانىڭ يەنە سىناي تېغىغا چىقىشى \m \v 12 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ تاغ ئۈستىگە، قېشىمغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرغىن. ساڭا ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تاش تاختايلارنى، يەنى مەن يېزىپ قويغان قانۇن-ئەمرنى بېرىمەن، دېدى. \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى. \v 14 ئۇ ئاۋۋال ئاقساقاللارغا: بىز يېنىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ؛ ئەگەر بىرسىنىڭ ئىش-دەۋاسى چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن، ــ دېدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە تاغنى بۇلۇت قاپلىدى. \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى؛ بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى؛ يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى؛ \v 17 پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسىنىڭ قىياپىتى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى. \x + \xo 24:17 \xt ئىبر. 12‏:29\x* \v 18 مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى. \b \b \m \c 25 \s1 ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەر \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار. \f □ \fr 25:2 \ft \+bd «كۆتۈرمە ھەدىيە»\+bd* ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئالاھىدە ھەدىيە. مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» كۆپلىگەن خەلق ئېلىپ كېلىدىغان، چوڭ كۆلەملىك ھەدىيە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مەزكۇر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نىڭ ھەربىر قىسمىنى سۇنغۇچى كىشى ئۆزى خۇدا ئالدىدا ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاتايدۇ (22:35، 24).\f*  \x + \xo 25:2 \xt مىس. 35‏:5؛ 1تار. 29‏:14،9،5،3؛ ئەزرا 2‏:68؛ 3‏:5؛ نەھ. 11‏:2\x* \v 3 سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، \v 4 كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت، \v 5 قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى، \f □ \fr 25:5 \ft \+bd «دېلفىننىڭ تېرىلىرى»\+bd* ــ ياكى «دېڭىز ئېيىقىنىڭ تېرىلىرى» ياكى «بورسۇقنىڭ تېرىلىرى».\f* \v 6 چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، \v 7 ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن. \f □ \fr 25:7 \ft \+bd «ئەفود» ۋە «قوشېن»\+bd* ــ بۇلار توغرۇلۇق 6-14-ئايەتلەرگە قارالسۇن. ئۇ جىلىتكىدەك بىرخىل ئالاھىدە كىيىم بولۇپ، ئىچىدە خۇدانىڭ كېرەك بولغان ئىشلار توغرۇلۇق يولىنى ياكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» دېگەن ئالاھىدە ئىككى تاش ساقلاقلىق ئىدى.\f*  \x + \xo 25:7 \xt مىس. 28‏:4-14\x* \v 8 مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن \add شۇلاردىن\add* ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن. \v 9 ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار. \b \m \s1 ئەھدە ساندۇقى \m \v 10 ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. \f □ \fr 25:10 \ft \+bd «ئاكاتسىيە ياغىچى»\+bd* ــ ئىنتايىن قاتتىق، ئۇزۇنغىچە چىرىمايدىغان بىرخىل ياغاچتۇر. \+bd «گەز»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ــ ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارمىقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقىغا (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) باراۋەر كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 25:10 \xt مىس. 37‏:1؛ ئىبر. 9‏:1\x* \v 11 سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. \v 12 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن. \f □ \fr 25:12 \ft \+bd «تۆت چېتىقىغا»\+bd* ــ ياكى «تۆت پۇتىغا».\f* \v 13 سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ \v 14 ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن. \v 15 بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن.\x + \xo 25:15 \xt 1پاد. 8‏:8\x* \m \v 16 مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن.\f □ \fr 25:16 \ft \+bd «ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»\+bd* ــ خۇدا مۇساغا تاپشۇرىدىغان «ئون پەرز» ياكى «ئون ئەمر» پۈتۈلىدىغان ئىككى تاش تاختاينى كۆرسىتىدۇ (18:31نى كۆرۈڭ). نېمىشقا «گۇۋاھلىق» دېيىلىدۇ؟ چۈنكى «ئون پەرز» خۇدانىڭ ھەققانىي تەبىئىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 25:16 \xt ئىبر. 9‏:4\x* \v 17 ساندۇقنىڭ \add ياپقۇچى سۈپىتىدە\add* سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىغىن. \f □ \fr 25:17 \ft \+bd «كافارەت»\+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») دېگەننىڭ تۈپ مەنىسى «يېپىش»تىن ئىبارەت. گۇناھلارغا «كافارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق «ياپاتتى» ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ). \fp مۇشۇ يەردە ساندۇقنىڭ ياپقۇچىنى «كافارەت تەختى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق، چۈنكى 22-ئايەتتە: «مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە... تۇرۇپ ساڭا ... سۆز قىلىمەن» دېيىلىدۇ. دېمەك، بۇ جاي خۇدانىڭ ئولتۇرغان بىر تەختىگە ئوخشاشتۇر.\f*  \x + \xo 25:17 \xt مىس. 37‏:6\x* \v 18 ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. \f □ \fr 25:18 \ft \+bd «كېرۇبلار»\+bd* ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سېخمىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 25:18 \xt ئىبر. 9‏:5\x* \v 19 بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. \f □ \fr 25:19 \ft \+bd «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار»\+bd* ــ ياكى «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلار بىلەن كافارەت تەختى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسالسۇن».\f* \v 20 كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن.\x + \xo 25:20 \xt ئىبر. 9‏:5\x* \m \v 21 سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. \x + \xo 25:21 \xt ئىبر. 9‏:4، 5\x* \v 22 مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن.\x + \xo 25:22 \xt چۆل. 7‏:89\x* \b \m \s1 شىرە \m \v 23 ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن. \v 24 ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. \v 25 سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار. \f □ \fr 25:25 \ft \+bd «ئېگىزلىكتە»\+bd* ــ ياكى «كەڭلىكتە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. \+bd «لەۋ» ۋە «لەۋنىڭ چۆرىسىگە چىقىرىلغان گىرۋەك»\+bd* ــ بۇلارنىڭ رولى بەلكىم شىرەنىڭ ئۈستىدىكى نانلارنى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاشتۇر.\f* \v 26 سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن. \v 27 شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن. \v 28 بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ. \m \v 29 شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن. \v 30 مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن.\f □ \fr 25:30 \ft \+bd «تەقدىم نانلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھۇزۇرى نانلار» («خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نانلار»). ئادەتتە جەمئىي ئون ئىككى پارچە نان قويۇلاتتى. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىسرائىل كاھىنلىرى نانلارنى تىزىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول ھوسۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلدۈرۈش ئىدى («لاۋ.» 5:24-6).\f* \b \m \s1 چىراغدان \m \v 31 سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. \f □ \fr 25:31 \ft \+bd «چىراغداننىڭ... قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى»\+bd* ــ بۇلار چىراغدانغا چىقىرىلغان شۇ خىل نۇسخىلارنى كۆرسىتىدۇ. 32-40-ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 25:31 \xt مىس. 37‏:17\x* \v 32 چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛ \v 33 بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. \v 34 چىراغداننىڭ \add غولىدىن\add* بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن. \f □ \fr 25:34 \ft \+bd «غولىدىن»\+bd* ــ يەنى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن. 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 35 بۇلاردىن باشقا \add بىرىنچى\add* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، \add ئىككىنچى\add* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، \add ئۈچىنچى\add* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن. \v 36 ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن. \m \v 37 سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن. \v 38 ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. \v 39 چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.\f □ \fr 25:39 \ft \+bd «بىر تالانت ئالتۇن»\+bd* ــ بەلكىم 4.4 كىلوگرامچە بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 40 ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ياسىغىن.\x + \xo 25:40 \xt روس. 7‏:44؛ ئىبر. 8‏:5\x*  \fig ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى|src="tabobjects-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 25-27" \fig* \b \b \m \c 26 \s1 ئىبادەت چېدىرى ــ يوپۇقلىرى \m \v 1 مۇقەددەس چېدىرنى ئون پارچە يوپۇقتىن ياساتقىن؛ يوپۇقلار نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنسۇن؛ ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقارغۇزغىن. \x + \xo 26:1 \xt مىس. 36‏:8\x* \v 2 ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. \v 3 يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش يوپۇقمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن. \v 4 سەن ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمە قادىغىن، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ ھەم شۇنداق قىلغىن. \v 5 بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولسۇن. \v 6 مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن. \m \v 7 مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىغىن؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىغىن. \x + \xo 26:7 \xt مىس. 36‏:14\x* \v 8 يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. \v 9 يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، ئالتىنچى يوپۇقنى ئىككى قات قىلىپ، چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن.\f □ \fr 26:9 \ft \+bd «چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن»\+bd* ــ ياكى «چېدىرنىڭ كەينىگە قايرىپ قويغىن». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 10 سەن بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن. \v 11 سەن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويغىن. \v 12 لېكىن يوپۇقنىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. \v 13 چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ چېدىرنىڭ بويىدىن ئارتۇق قىسمى، يەنى ئۇ تەرىپىدىن بىر گەز، بۇ تەرىپىدىن بىر گەز، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى \add تولۇق\add* ياپسۇن.\f □ \fr 26:13 \ft \+bd «چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى تولۇق ياپسۇن»\+bd* ــ كاناپ رەختتىن (كەندىر رەختتىن) قىلىنغان ئىچىدىكى يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز بولغاچقا، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىگە تولۇق يەتمەيتتى؛ يوپۇق بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا بىر گەز ئارىلىق قالاتتى. ئۆچكە تىۋىتىدىن قىلىنغان يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز بولغاچقا، چېدىرنى تولۇق ياپاتتى. چېدىرنىڭ سخېمىلىرىنى كۆرۈڭ (ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 14 بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپقىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىغىن. \m \v 15 مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىگىن. \v 16 ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. \v 17 ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بولسۇن، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن. \m \v 18 چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن؛ يىگىرمىسىنى جەنۇب تەرەپكە تىكلىگىن؛ \v 19 بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىغىن؛ بىر تاختاينىڭ \add ئاستىدىكى\add* ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك ياسىغىن. \v 20 شۇنىڭدەك چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە، يەنى شىمال تەرىپىدە يىگىرمە تاختاي بولسۇن؛ \v 21 بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكى كۈمۈشتىن بولسۇن؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. \v 22 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاي ياساپ تىكلىگىن. \v 23 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياساپ ئورناتقىن. \v 24 بۇ \add بۇلۇڭ تاختايلىرى\add* ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىنىپ \add تاختايلارنى\add* ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلسۇن. ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا تىكلەنسۇن. \f □ \fr 26:24 \ft \+bd «...تاختايلىرى ... ئىككى قات قىلىنىپ تاختايلارنى ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن»\+bd* ــ بۇلۇڭ تاختايلىرىنىڭ قايسى شەكىلدە ئىكەنلىكىگە بىرنېمە دېيىش تەس. ھېچ بولمىغاندا ئۇلار كەينىدىكى تاختايلار ھەم ياندىكى تاختايلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينىشى كېرەك؛ بىزنىڭچە بۇلۇڭ تاختايلىرى يېنىدىكى تاختايلارغا تۇرۇملىرى بىلەن چېتىلىشى كېرەك (17-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە بۇلۇڭ تاختايلىرى ئوتتۇرىسىدىن ئېگىلىپ، «ئۈچ بۇرجەكلىك سىزغۇچ شەكلى»دە (يەنى «L» شەكلىدە) قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 ئارقا تەرەپتە سەككىز تاختاي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بولىدۇ؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بولىدۇ. \m \v 26 بۇنىڭدىن باشقا سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىغىن؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، \v 27 چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى ياسىغىن. \v 28 تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بالداق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يېتىدىغان بولسۇن. \m \v 29 تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. \v 30 چېدىرنى ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن.\x + \xo 26:30 \xt مىس. 25‏:40،9؛ روس. 7‏:44؛ ئىبر. 8‏:5\x* \m \v 31 سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن. \x + \xo 26:31 \xt مىس. 36‏:35\x* \v 32 ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت خادىغا ئېسىپ قويغىن. بۇ خادىلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت تەگلىككە ئورنىتىلسۇن. \v 33 پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى ئىلمەكلەرگە ئېسىلىپ ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن؛ ئاندىن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى شۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايرىما پەردە بولسۇن. \v 34 ئاندىن سەن «كافارەت تەختى»نى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن. \m \v 35 شىرە بولسا پەردىنىڭ تېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن؛ چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا، چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويغىن؛ شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن. \m \v 36 بۇنىڭدىن باشقا سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇ كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. \x + \xo 26:36 \xt مىس. 36‏:37\x* \v 37 بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش خادا ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە بەش دانە تەگلىكنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلاتقىن.\fig ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى|src="taboverview-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 26" \fig* \b \b \m \c 27 \s1 قۇربانگاھ \m \v 1 سەن قۇربانگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىنسۇن. \x + \xo 27:1 \xt مىس. 38‏:1\x* \v 2 ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىغىن؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىغىن. \v 3 قۇربانگاھنىڭ ياغ \add ۋە كۈلىنى\add* ئېلىشقا داسلارنى ياسىغىن؛ ئۇنىڭغا خاس بولغان گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىغىن؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ياساشقا مىس ئىشلەتكىن. \v 4 قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىغىن؛ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت مىس ھالقا ياساپ بېكىتىپ قويغىن. \v 5 شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلغىن، شۇنداقتا شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. \f □ \fr 27:5 \ft \+bd «شالا»\+bd* ــ بارلىق ئايەتلەردىن قارىغاندا، شالانىڭ فۇنكسىيىسى مۇنداق: (1) قۇربانگاھنىڭ ئوتخانىسىدىكى ئوتنى كۆتۈرۈش؛ (2) شالانى كۆتۈرگەندە قۇربانگاھمۇ تەڭ كۆتۈرۈلۈش؛ شالا قۇربانگاھنىڭ ئاستى تەرىپىگە، يەنە گىرۋەكنىڭ ئاستىغا قويۇلغاچقا، شالانى كۆتۈرگەندە گىرۋەككە تېرىلىپ قۇربانگاھمۇ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ھەم چېدىرنىڭ سخېمىلىرىنى كۆرۈڭ (مۇناسىۋەتلىك سېخمىنى كۆرۈڭ).\f* \v 6 قۇربانگاھقا ئىككى بالداق ياسىغىن؛ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بولسۇن، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىغىن. \v 7 قۇربانگاھنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. \v 8 قۇربانگاھنى تاختايلاردىن ياسىغىن، ئىچى بوش بولسۇن؛ ئۇ تاغدا ساڭا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە \add ھۈنەرۋەنلەر\add* تەييار قىلسۇن. \b \m \s1 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسى \m \v 9 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىغىن. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى توقۇغىن؛ شۇ تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز بولسۇن. \x + \xo 27:9 \xt مىس. 38‏:9\x* \v 10 پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن.\f □ \fr 27:10 \ft \+bd «بالداقلار»\+bd* ــ ئۇلار خادىلارنى ئۆزئارا چېتىپ تۇرىدىغان تاياقچىلار بولۇپ، خادىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە پەردىلەرنىمۇ كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ (17:38نى كۆرۈڭ). \fp «بالداقلار»نىڭ باشقا تەرجىمىلىرى: «ھالقىلار» ياكى «چەمبەرلەر».\f* \m \v 11 شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. \m \v 12 ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئون خادىسى ۋە ئون تەگلىكى بولسۇن. \m \v 13 ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز بولسۇن. \v 14 بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. \v 15 يەنە بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. \v 16 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىگىرمە گەز كېلىدىغان بىر پەردە قويۇلسۇن؛ پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن تۆت تەگلىكى بولسۇن. \m \v 17 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن، تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. \v 18 ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ھەر ئىككى تەرىپى ئەللىك گەز بولسۇن؛ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ئىشلەنگەن پەردىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز قىلىنسۇن؛ خادىلارنىڭ تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. \m \v 19 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرى ھەمدە بارلىق مىق-قوزۇقلىرى، شۇنداقلا ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن.\fig ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى|src="tabscheme-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 19:27" \fig* \b \m \s1 يېنىق تۇرىدىغان چىراغ ھەققىدىكى بەلگىلىمە \m \v 20 ــ چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن، چىراغقا ئىشلىتىشكە زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى قېشىڭغا كەلتۈرۈشكە ئىسرائىللارنى بۇيرۇغىن. \x + \xo 27:20 \xt لاۋ. 24‏:2\x* \v 21 جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ تاشقىرىدا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنىڭ يېنىق تۇرغۇزۇش ئىشىدا بولسۇن. بۇ ئىش دەۋردىن-دەۋرگىچە ئىسرائىللارغا ئەبەدىي بىر قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن.\f □ \fr 27:21 \ft \+bd «جامائەت چېدىرى»\+bd* ــ بۇ ئىبادەت چېدىرىغا بېرىلگەن باشقا بىر نام.\f* \b \b \m \c 28 \s1 كاھىنلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى \m \v 1 سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز قېشىڭغا كەلتۈرگىن؛ ئۇلارنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنىڭ مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىڭغا كەلتۈرگىن. \x + \xo 28:1 \xt ئىبر. 5‏:4\x* \v 2 ئاكاڭ ھارۇنغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىغىن. \v 3 ھارۇننىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روھى بىلەن قەلبلىرىنى تولدۇرغان چېۋەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كىيىملەرنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. \v 4 ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ــ بىر قوشېن، بىر ئەفود، بىر تون، كەشتىلەنگەن بىر خالتا كۆڭلەك، بىر سەللە ۋە بىر بەلۋاغ. مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇنغا ۋە ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكسۇن.\f □ \fr 28:4 \ft \+bd «ئەفود» ۋە «قوشېن»\+bd* ــ بۇلار ۋە قاتارلىقلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىلارنى كۆرۈڭ. «ئەفود» جىلىتكىگە ئوخشايدىغان بىرخىل كىيىم، «قوشېن» كاھىننىڭ مەيدىسىگە تاقىلىدىغان مەيدە يانچۇق بولۇپ، ئۈستىگە ئون ئىككى قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئون ئىككى قىممەتلىك تاش بېكىتىلگەن. \fp \f* \b \m \s1 ئەفودنىڭ لايىھىلىنىشى \m \v 5 ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەخت ئىشلىتىلسۇن؛ \v 6 ئەفودنى ئۇلار ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەرنى تەييارلاپ، چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ \add كەشتىلىتىپ\add* ئىشلەتسۇن. \x + \xo 28:6 \xt مىس. 39‏:2\x* \v 7 ئەفودنىڭ ئىككى بېشىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن. \f □ \fr 28:7 \ft \+bd «... ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن»\+bd* ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f* \v 8 ئەفودنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، كەشتىلەنگەن بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالسۇن. \f □ \fr 28:8 \ft \+bd «ئەفودنىڭ بەلۋېغى»\+bd* ــ 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بەلۋاغ ئەمەس. «لاۋ.» 7:8نى كۆرۈڭ.\f* \v 9 ئىككى ئاق ھېقىقنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويدۇرغىن؛ \v 10 ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئالتىسى بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، قالغان ئالتىسى بولسا يەنە بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، ھەممىسى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە پۈتۈلسۇن. \v 11 خۇددى ياقۇت نەقىشچىلىرى ئىشلىگەندەك، مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئىككى ياقۇتقا ئويدۇرغىن؛ ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كۆزلۈككە بېكىتىلسۇن. \v 12 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا قادىغۇزغىن؛ شۇنداق بولغاندا، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. \m \v 13‏-14 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئالتۇندىن يەنە ئىككى كۆزلۈك ۋە ساپ ئالتۇندىن شوينىدەك ئېشىپ ئېتىلگەن ئىككى زەنجىر ياساتقىن؛ ئاندىن ئېشىلمە زەنجىرلەر كۆزلۈكلەرگە بېكىتىلسۇن.\f □ \fr 28:13‏-14 \ft \+bd «يەنە ئىككى كۆزلۈك»\+bd* ــ مۇشۇ ئىككى كۆزلۈك ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىسىگە بېكىتىلگەن، 9-12-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئاق ھېقىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزلۈكلەردۇر.\f* \b \m \s1 قوشېننىڭ ياسىلىشى \m \v 15 «ھۆكۈم قوشېنى»نى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياساتقىن؛ ئۇنى ھەم ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ياسىغان، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىغىن. \f □ \fr 28:15 \ft \+bd «ھۆكۈم قوشېنى»\+bd* ــ ئىچىدىكى «ئۇرىم ۋە تۇممىم» دېگەن تاشلار ئارقىلىق خۇدانىڭ مەلۇم ئىش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى ياكى ھۆكۈمىنى سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن (30-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 28:15 \xt مىس. 39‏:8\x* \v 16 ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولسۇن. \f □ \fr 28:16 \ft \+bd «ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن»\+bd* ــ دېمەك، يانچۇق شەكلىدە.\f* \v 17 ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتقىن: ــ بىرىنچى قاتارغا قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن؛ \v 18 ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن؛ \v 19 ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن؛ \v 20 تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلسۇن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈك ئىچىگە ئورنىتىلسۇن. \v 21 بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلسۇن. \m \v 22 قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن \add ئىككى\add* ئېشىلمە زەنجىر ياسىغىن. \v 23 قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ \add يۇقىرىقى\add* ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ \f □ \fr 28:23 \ft \+bd «قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشېننىڭ ئىككى بېشىغا».\f* \v 24 ئاندىن ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ \add يۇقىرىقى\add* ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، \v 25 ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، \add كۆزلۈكلەرنى\add* ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن. \v 26 بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ \add ئاستى تەرىپىدىكى\add* ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالسۇن. \f □ \fr 28:26 \ft \+bd «قوشېننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشېننىڭ ئىككى بېشىغا».\f* \v 27 مۇندىن باشقا سەن ئالتۇندىن \add يەنە\add* ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، يەنى ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن قىلىپ، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتكىن. \v 28 قوشېننىڭ ئەفودنىڭ كەشىتىلەنگەن بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشېننىڭ ھالقىسىنى كۆك شوينا بىلەن ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويغىن. \m \v 29 شۇنداق قىلغاندا، ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھۆكۈم قوشېنىنى تاقىغاچقا، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. \f □ \fr 28:29 \ft \+bd «قوشېن»\+bd* ــ قوشېن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f* \v 30 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇرىم بىلەن تۇممىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە بولۇشى ئۈچۈن، بۇلارنى ھۆكۈم قوشېنىنىڭ ئىچىگە ئالغىن؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن ئىسرائىللارغا باغلىق ھۆكۈملەرنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز يۈرىكى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ.\f □ \fr 28:30 \ft \+bd «ئۇرىم ۋە تۇممىم»\+bd* ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. ھەمدە ئۇلاردىن ھەرخىل جاۋاب چىقاتتى؛ مەسىلەن، «شۇنداق»، «ياق» دېگەندەك. بەزى ئەھۋاللاردا ھېچقانداق جاۋاب بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن (مەسىلەن، «ھاك.» 23:20، «1سام.» 37:14، 2:23-4، 6:28، «2سام.» 1:2 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). «ئۇرىم»نىڭ مەنىسى «نۇرلار»، «تۇممىم»نىڭ مەنىسى «مۇكەممەللىك» ياكى «مۇكەممەل ئىشلار» دېگەنلىك؛ لېكىن ئۇلارنىڭ تەپسىلاتلىرى ھازىر بىزگە نامەلۇم.\f* \b \m \s1 باش كاھىن كىيىدىغان باشقا كىيىملەر؛ باش كاھىننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرى \m \v 31 ئەفودنىڭ \add ئىچىدىكى\add* توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلغىن. \f □ \fr 28:31 \ft \+bd «ئەفودنىڭ ئىچىدىكى تون»\+bd* ــ تون ئەفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدۇ (مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 28:31 \xt مىس. 39‏:22\x* \v 32 توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولسۇن؛ ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى باپكار توقۇغاندەك، ساۋۇتنىڭ ياقىسىغا ئوخشاش چۆرىسىگە پەۋاز چىقىرىلسۇن. \f □ \fr 28:32 \ft \+bd «ساۋۇت»\+bd* ــ جەڭچىنىڭ ئالاھىدە كىيىمى.\f* \v 33‏-34 ئۇنىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئاسقىن ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، چۆرىسىدىكى ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويغىن؛ توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتكۈل چۆرىسىگە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار... بېكىتىلسۇن. \f □ \fr 28:33‏-34 \ft \+bd «ئانارلار»\+bd* ــ مۇشۇ «ئانارلار» مارجاندەك چوڭلۇقتا توقۇلغان بولۇشى كېرەك.\f* \v 35 ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ.\f □ \fr 28:35 \ft \+bd «ھارۇن ... پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا \+bd*\+bdit قوڭغۇراقلارنىڭ\+bdit* ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ» ــ قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازلىرى خۇداغا باش كاھىننىڭ ئىسرائىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.\f* \b \m \v 36 ئاندىن كېيىن سەن ساپ ئالتۇندىن نەپىس بىر ئوتۇغاتنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە نەقىشلەنگەندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويغىن؛ \f □ \fr 28:36 \ft \+bd «ئوتۇغات»\+bd* ــ باش كىيىمىگە تاقىلىدىغان كىچىك تاختا ياكى مەنسەپ بەلگىسىدىن ئىبارەت.\f*  \x + \xo 28:36 \xt مىس. 39‏:30\x* \v 37 ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگكىن؛ ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تاقالسۇن؛ \v 38 ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدە تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؛ ھەدىيەلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتۇغات ھەمىشە ئۇنىڭ پېشانىسىگە تاقاقلىق تۇرسۇن.\f □ \fr 28:38 \ft \+bd «ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلار»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى: (1) ئىسرائىللارنىڭ مۇشۇ ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتىن مەقسىتى (خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسەن) گۇناھىنى يېپىشتىن ئىبارەتتۇر، شۇڭا ھەدىيەلەر گۇناھ بىلەن مۇناسىۋەتلكىتۇر؛ (2) ئىسرائىللار ھەدىيە-قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرگىنىدە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدا دىققەتسىزلىكتىن ھەدىيەلەر گۇناھقا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن ياكى ھەدىيە كەلتۈرگۈچىنىڭ نىيەتلىرىگە مەلۇم يامان غەرەز چېتىلىشلىق بولۇشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى چۈشەنچىگە مايىل.\f* \m \v 39 بۇنىڭدىن باشقا ئاق كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن، شۇنىڭدەك كاناپ رەختتىن توقۇلغان بىر سەللە تەييارلىغىن؛ كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن.\f □ \fr 28:39 \ft \+bd «كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن»\+bd* ــ ياكى «كاناپ رەختتىن ئالىچىپار بىر خالتا كۆڭلەك تىككىن». \+bd «كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن»\+bd* ــ بۇ بەلۋاغ ئەفودنىڭكى ئەمەس. «لاۋ.» 7:8نى كۆرۈڭ.\f*  \fig باش كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى|src="highpriest-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 39:28" \fig* \m \v 40 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا خالتا كۆڭلەكلەرنى تىككىن؛ ئۇلارغىمۇ بەلۋاغلارنى تەييارلا، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تىككىن؛ بۇلار ئۇلارغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك بولسۇن. \v 41 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرگىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىغىن.\f □ \fr 28:41 \ft \+bd «مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇش»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇش» ئىبرانىي تىلىدا «قولغا تۇتقۇزۇش» ياكى «قولغا بېرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كاھىنلىق ۋەزىپىسى ئاساسەن خۇدانىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش بىلەن باشلىناتتى؛ شۇڭا ئۇلار قولىغا ھېچقانداق باشقا ئىشلارنى ئېلىشىغا بولمايتتى.\f* \m \v 42 ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ يېپىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا كاناپ رەختتىن تامبال ئەتتۈرگىن؛ ئۇ بېلىدىن يوتىسىغىچە يېپىپ تۇرسۇن. \v 43 ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ياكى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن قۇربانگاھقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن \add تامبالنى\add* كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەسىللىرى ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.\f □ \fr 28:43 \ft \+bd «جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە چېدىرنىڭ ھويلىسىغا كىرىشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 29 \s1 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىققا ئايرىلىشى \m \v 1 ئۇلارنىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك: ــ سەن بىر ياش ئەركەك تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى تاللا (ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن) \x + \xo 29:1 \xt لاۋ. 8‏:2؛ 9‏:2\x* \v 2 ھەمدە پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلارنى تەييارلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئۇنىدىن قىلغىن؛ \f □ \fr 29:2 \ft \+bd «توقاچ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 نانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، سېۋەتنى، تورپاقنى ۋە ئىككى قوچقارنى بىللە ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرگىن. \m \v 4 سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ \v 5 ئاندىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ھارۇنغا خالتا كۆڭلەك، ئەفود تونى ۋە ئەفودنى كىيدۈرگىن، قوشېننى تاقىغىن؛ ئاندىن بېلىگە ئەفودنىڭ كەشتىلەنگەن بەلۋېغىنى باغلىغىن. \f □ \fr 29:5 \ft \+bd «ئەفود تونى»\+bd* ــ توننىڭ ئەفود بىلەن زىچ مۇناسىۋېتى بولغاچقا، بەزى يەرلەردە «ئەفود تونى» دېيىلىدۇ.\f* \v 6 بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، سەللىگە مۇقەددەس ئوتۇغاتنى تاقاپ قويغىن. \v 7 ئاندىن مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ، بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى مەسىھلىگىن.\x + \xo 29:7 \xt مىس. 30‏:25\x* \m \v 8 ئاندىن سەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرگىن؛ \v 9 ئۇلارغا، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە، كاھىنلىق خىزمىتى ئۇلارنىڭكى بولىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خۇداغا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىپ تەيىنلىگىن. \m \v 10 — سەن تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن؛ ئېلىپ كەلگىنىڭدە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن. \f □ \fr 29:10 \ft \+bd «قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن\+bd* ــ تەۋرات ۋە ئىنجىل دەۋرىدىمۇ «قوللارنى باشقا قويۇش» قول قويغۇچىلارنىڭ قول قويۇلغۇچى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنىڭ «قوللىرىنى باشقا قويۇش»ى «بىز مۇشۇ قۇربانلىققا ئوخشاش خۇداغا مۇتلەق ئاتالغانمىز» دېگەننى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 29:10 \xt لاۋ. 1‏:3\x* \v 11 ئاندىن سەن بۇ تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا بوغۇزلىغىن؛ \v 12 تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ بارمىقىڭ بىلەن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ، قالغان قاننىڭ ھەممىسىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قۇيغىن. \v 13 ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماينى، شۇنداقلا جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى ئاجرىتىپ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. \v 14 تورپاقنىڭ گۆشى، تېرىسى ۋە تېزىكىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.\x + \xo 29:14 \xt لاۋ. 4‏:12؛ ئىبر. 13‏:11\x* \m \v 15 ئاندىن سەن قوچقارلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ \v 16 ئاندىن سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىدىن قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. \x + \xo 29:16 \xt ئىبر. 9‏:19،12\x* \v 17 قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى گۆش پارچىلىرى ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، \v 18 پۈتۈن قوچقارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ــ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يەتكۈزىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. \v 19 كېيىن سەن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. \v 20 ئاندىن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ قېنىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. \f □ \fr 29:20 \ft \+bd «قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا»\+bd* ــ ياكى «قۇلىقىنىڭ ئۇچىغا».\f* \v 21 ئاندىن قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قاندىن ۋە مەسىھلەش مېيىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كىيىملىرىگە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سەپكىن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان بولىدۇ. \m \v 22 ئاندىن سەن قوچقارنىڭ مېيى، قۇيرۇق مېيى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى چىقار ھەمدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن ــ (چۈنكى بۇ قوچقار كاھىنلىققا تىكلەش \add قۇربانلىقىغا ئاتالغان\add* قوچقاردۇر) ــ \v 23 — بۇنىڭدىن باشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇلغان پېتىر نان سېۋىتىدىن بىر گىردىنى، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچتىن بىرنى ۋە پېتىر ھەمەك ناندىن بىرنى ئېلىپ، \v 24 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇننىڭ قوللىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا قويۇپ، ئۇلارنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقۇزغىن. \v 25 ئاندىن سەن بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈرگىن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. \m \v 26 سەن ھارۇننى كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ تۆشىنى ئېلىپ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلاتقىن؛ بۇ سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولىدۇ. \f □ \fr 29:26 \ft \+bd «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالاھىدە پۇلاڭلاتقان ھەدىيەدۇر. «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» ئادەتتە بارلىق كاھىنلارغا تەۋە بولىدۇ.\f* \v 27 شۇنىڭدەك، سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىلغان تۆشى بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىلغان ئارقا پۇتىنى، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان شۇ ئۈلۈشلەرنى «مۇقەددەس» دەپ ئايرىپ بېكىتكىن. \f □ \fr 29:27 \ft \+bd «كۆتۈرمە ھەدىيە»\+bd* ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئالاھىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاتىغان ھەدىيە. «كۆتۈرمە ھەدىيە» ئادەتتە قۇربانلىققا مەسئۇل كاھىنغا تەۋە بولىدۇ.\f* \v 28 شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىللار تەرىپىدىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان نېسىۋە بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ كۆتۈرمە ھەدىيەدۇر. بۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «ئېگىز كۆتۈرگەن ھەدىيە»سى ھېسابلىنىپ، «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ.\x + \xo 29:28 \xt لاۋ. 7‏:34،31؛ 10‏:14\x* \m \v 29 ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە كېيىن ئوغۇللىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلار مەسىھلىنىپ، كاھىنلىققا تەيىنلەنگەندە شۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. \v 30 ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىن بولسا، جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشكەندە، بۇ كىيىملەرنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن. \m \v 31 سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا پىشۇرغىن؛ \f □ \fr 29:31 \ft \+bd «مۇقەددەس جاي»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبادەت چېدىرنىڭ ھويلىسىنى كۆرسىتىدۇ («لاۋ.» 31:8نى كۆرۈڭ). \+bd «پىشۇرغىن»\+bd* ــ ياكى «قايناتقىن».\f* \v 32 ئاندىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى بىلەن سېۋەتتىكى نانلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يېسۇن؛ \x + \xo 29:32 \xt لاۋ. 8‏:31؛ 24‏:9\x* \v 33 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشىدە خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغاندا كافارەتكە ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى يېسۇن، لېكىن بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، يات كىشى بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يېمىسۇن. \f □ \fr 29:33 \ft \+bd «يات كىشى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە كاھىن بولمىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 29:33 \xt لاۋ. 10‏:14؛ مات. 12‏:4\x* \v 34 ئەگەر كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىق گۆشىدىن ياكى ناندىن ئەتىگە ئازراق ئېشىپ قالسا، ئېشىپ قالغاننى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەت؛ بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. \m \v 35 سەن شۇ تەرىقىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇدا يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى كاھىنلىققا تىكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن. \v 36 ھەر كۈنى كافارەت قىلىنىشقا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنغىن. قۇربانگاھنىڭ ئۆزىنى گۇناھتىن پاك قىلىشقا ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرگىن، مۇقەددەس قىلىنسۇن دەپ، ئۇنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھلىگىن. \v 37 يەتتە كۈنگىچە سەن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 29:37 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ مۇقەددەس چېدىردىكى بارلىق جابدۇقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. «ئەڭ مۇقەددەس» بولغانلارغا تەگكەنلەر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە «خۇدانىڭكى» دەپ ھېسابلىناتتى (29:30، «لاۋ.» 18:6، 27، «ئەز.» 20:46نىمۇ كۆرۈڭ). ئادەتتە شۇنداق قىلغان كىشىلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك ئىدى؛ لېكىن پاناھ ئىزدىگەنلەر قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتسا بولاتتى («1پاد.» 50:1نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 كۈندىلىك قۇربانلىق توغرىسىدا \m \v 38 مانا، قۇربانگاھتا ھەمىشە سۇنىدىغانلىرىڭ مۇنۇلار: ــ ھەر كۈنى بىر ياشلىق ئىككى قوزا قۇربانلىق قىلىنسۇن. \x + \xo 29:38 \xt چۆل. 28‏:3\x* \v 39 بىرىنى ئەتىگەندە، يەنە بىرىنى گۇگۇمدا قۇربانلىق قىلىپ سۇنغىن. \f □ \fr 29:39 \ft \+bd «گۇگۇمدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان چاغدىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت.\f* \v 40 بىرىنچى قوزا بىلەن بىرگە زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن بۇغداي ئۇنىدىن \add ئەفاھنىڭ\add* ئوندىن بىرى ۋە يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شاراب قۇشۇپ سۇنۇلسۇن. \f □ \fr 29:40 \ft \+bd «بىر ئەفاھ»\+bd* ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر. بىر ھىن تەخمىنەن 3.6 لىتر.\f* \v 41 ئىككىنچى قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنلىك قۇربانلىقنىڭكىدەك، خۇشبۇي بولۇشى ئۈچۈن ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيە بىلەن قوشۇپ سۇنغىن. \v 42 شۇ تەرىقىدە بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن-نەسىلگە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ دائىملىق قۇربانلىق بولسۇن؛ مەن \add پەرۋەردىگار\add* شۇ يەردە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. \v 43 شۇنىڭدەك مەن شۇ يەردە ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي مېنىڭ شان-شەرىپىم بىلەن مۇقەددەس قىلىنىدۇ. \v 44 مەن جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى ئۆزۈمگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلىمەن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆزۈمگە كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشقا ئايرىپ مۇقەددەس قىلىمەن. \v 45 شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. \x + \xo 29:45 \xt مىس. 25‏:8؛ لاۋ. 26‏:12؛ زەب. 78‏:60؛ زەك. 2‏:14؛ 2كور. 6‏:16؛ ۋەھ. 21‏:3\x* \v 46 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇداسى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. \b \b \m \c 30 \s1 خۇشبۇيگاھ \m \v 1 سەن يەنە خۇشبۇي ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇشبۇيگاھنى ياساتقىن؛ ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تەييارلىغىن. \f □ \fr 30:1 \ft \+bd «خۇشبۇيگاھ»\+bd* ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 30:1 \xt مىس. 37‏:25\x* \v 2 ئۇ تۆت چاسا، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. ئۇنىڭ \add تۆت بۇرجىكىدىكى\add* مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. \v 3 سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتقىن؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقارغىن. \v 4 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتكىن. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغىن. \f □ \fr 30:4 \ft \+bd «ئىككى يېنىغا»\+bd* ــ ياكى «ئىككى بۇرجىكىگە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.\f* \v 5 بالداقلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. \m \v 6 خۇشبۇيگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا، يەنى مەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغان جاي بولغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىغا قويغىن. \m \v 7 ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن. \x + \xo 30:7 \xt 1سام. 3‏:3\x* \v 8 شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ.\f □ \fr 30:8 \ft \+bd «گۇگۇمدا»\+bd* ــ 7:12دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا»\+bd* ــ چىراغلار دائىم يېنىق تۇرىدۇ، ئاساسەن ئۆچۈرۈلمەيدۇ (20:27، «لاۋ.» 2:24نى كۆرۈڭ). مۇشۇ سۆز بەلكىم چىراغداننىڭ ئۈستىدىكى يەتتە قەدەھنى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈپ، زەيتۇن مېيىنى قۇيۇپ ئاندىن قايتىدىن ياندۇرۇشنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.\f* \m \v 9 سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە نە ھېچقانداق غەيرىي خۇشبۇي ياندۇرماڭلار، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق نە ئاشلىق ھەدىيە سۇنماڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق شاراب ھەدىيەنى تۆكمەڭلار. \m \v 10 ھەر يىلدا ھارۇن بىر قېتىم \add خۇشبۇيگاھنىڭ\add* مۈڭگۈزلىرىگە كافارەت كەلتۈرسۇن؛ ھەر قېتىم كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. نەسىلدىن-نەسىلگە شۇنداق قىلىڭلار؛ بۇ \add خۇشبۇيگاھ\add* پەرۋەردىگارغا «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. \b \m \s1 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە تاپشۇرۇلىدىغان كافارەت پۇلى \m \v 11 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 12 سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن. \f □ \fr 30:12 \ft \+bd «ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن»\+bd* ــ نېمىشقا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈش ۋەجىدىن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك؟ خەلقنىڭ سانىنى ئېنىقلاشتىن ئىككى خىل گۇناھ پەيدا بولۇشى مۇمكىن: (1) ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىپ، تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؛ (2) قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار خۇداغا تايانماي، بەلكى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئىسرائىللاردىن بۇ پۇلنى ئېلىش ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق تەبىئىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى؛ دەرۋەقە بۇ پۇل مۇقەددەس چېدىردا ئۇلارغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىنلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتتە ئىشلىتىلەتتى (16-ئايەت). \fp خۇدانىڭ بۇيرۇقى بولمىسا خەلقنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايتتى (مەسىلەن، «1تار.» 1:21-5نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 30:12 \xt چۆل. 1‏:2\x* \v 13 رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. \f □ \fr 30:13 \ft \+bd «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە»\+bd* ــ «شەكەل» كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ، مۇقەددەس جايدا ساقلانغان مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 30:13 \xt لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12\x* \v 14 رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەر، يەنى يىگىرمە ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى بەرسۇن. \v 15 ئۆز جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كۆتۈرمە ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا باي كىشى يېرىم شەكەلدىن ئارتۇق بەرمىسۇن، كەمبەغەل كىشىمۇ يېرىم شەكەلدىن كەم بەرمىسۇن. \v 16 سەن ئىسرائىللاردىن شۇ كافارەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ ئىشلەتكىن؛ ئۇ پۇل ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسلەتمە سۈپىتىدە جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرىدىغان بولىدۇ.\x + \xo 30:16 \xt مىس. 38‏:25\x* \b \m \s1 يۇيۇنۇش دېسى، يەنى «پاكلىنىش دېسى» \m \v 17 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 18 سەن يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىشكە مىستىن \add يوغان\add* بىر داس ۋە ئۇنىڭغا مىستىن بىر تەگلىك ياساتقىن؛ ئۇنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. \v 19 ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭدىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. \v 20 ئۇلار جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇيۇشى كېرەك؛ ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق ئاتىلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولغىنىدىمۇ، شۇنداق قىلسۇن. \v 21 ئۇلار ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن؛ بۇ ئىش ئۇلارغا، يەنى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ نەسىللىرى ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.\fig ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى|src="tabobjects-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 21:30" \fig* \b \m \s1 مۇقەددەس ماي تەييارلاش يولى \m \v 22 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 23 سەن ھەممىدىن ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن تەييارلا، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن بەش يۈز شەكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، \f □ \fr 30:23 \ft \+bd «500 شەكەل»\+bd* ــ تەخمىنەن 6 كىلوگرام.\f* \v 24 قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛ \f □ \fr 30:24 \ft \+bd «بىر ھىن»\+bd* ــ تەخمىنەن 3.6 لىتر.\f* \v 25 بۇ دورا-دەرمەكلەر بىلەن مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماي ــ ئەتىرچى چىقارغاندەك بىر خۇشبۇي ماي چىقارغۇزغىن. بۇ «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى» بولىدۇ. \m \v 26 سەن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، \v 27 شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، \v 28 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىگىن؛ \v 29 سەن شۇ تەرزدە ئۇلارنى «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا مۇقەددەس قىلغىن. ئۇلارغا تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ «مۇقەددەس» ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 30:29 \ft \+bd «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» ۋە «مۇقەددەس»\+bd* ــ مۇقەددەس چېدىردىكى بارلىق جابدۇقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. «ئەڭ مۇقەددەس» بولغانلارغا تەگكەنلەر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە «خۇدانىڭكى» دەپ ھېسابلىناتتى (29:30، «لاۋ.» 18:6، 27، «ئەز.» 20:46نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \m \v 30 ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بولسا ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. \v 31 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئېيتقىن: ــ بۇ ماي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى بولىدۇ. \m \v 32 ئۇنى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى تەركىبى ئوخشىشىدىغان ھېچقانداق مايلارنى ياسىماڭلار. ئۇ مۇقەددەس بولغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. \f □ \fr 30:32 \ft \+bd «ئادەمنىڭ بەدىنىگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەمنىڭ ئەتلىرىگە». \+bd «\+bd*\+bdit مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى\+bdit* ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇنى «كاھىنلاردىن باشقىلارغا قۇيسا بولمايدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن «زەبۇر» 2:132گە قارىغاندا، مەسىھلەش مېيى كاھىنلارنى مەسىھلەپ قۇيۇلغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە تەگمەي، بەلكى باش كىيىمىدىن ئېقىپ ساقالدىن ئۆتۈپ كىيىم-كېچەكلىرىگە چۈشەتتى.\f* \v 33 كىمكى تەركىبى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماي تەڭشىسە، ياكى ئۇنى ئېلىپ يات بىرسىگە سۈرسە، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.\f □ \fr 30:33 \ft \+bd «كىمكى... يات بىرسىگە سۈرسە،...»\+bd* ــ دېمەك، كاھىنلاردىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە. \+bd «ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ 12:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \b \m \s1 خۇشبۇي ياساش ئۇسۇلى \m \v 34 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى تەييارلىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىقداردا بولسۇن؛ \f □ \fr 30:34 \ft \+bd «دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى»\+bd* ــ ياكى «ئونىقا» ياكى نامەلۇم بىرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى. \+bd «ئاق دېۋىرقاي»\+bd* ــ ياكى «گالبانۇم». بۇنىڭ پۇرىقى ئاچچىق بولسىمۇ، دورىلارغا ئىلەشتۈرۈلگەندە ئۇلارنىڭ كۆيۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ خۇش پۇراقلىق قىلىدۇ.\f* \v 35 خۇددى ئەتىرچى ماي چىقارغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى تەڭشەپ خۇشبۇي ياسىغىن؛ ئۇ تۇزلانغان، ساپ ۋە مۇقەددەس پۇراقلىق ئەتىر بولىدۇ. \v 36 سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق \add ساندۇقىنىڭ\add* ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن. \m \v 37 سىلەر ياسىغان بۇ خۇشبۇينىڭ رېتسېپى بىلەن ئۆزۈڭلارغىمۇ ئوخشاش بىر خۇشبۇينى ياسىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئۇ ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرۋەردىگارغا خاس قىلىنغان مۇقەددەس بولىدۇ. \v 38 كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق بىر خۇشبۇينى ياسىسا، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. \b \b \m \c 31 \s1 ئىبادەت جايىنى ياسىغۇچى ئۇستىلارنىڭ تاللىنىشى \m \v 1 پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 2 مانا، مەن ئۆزۈم يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم؛ \f □ \fr 31:2 \ft \+bd «ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر خۇدانىڭ مەلۇم بىر كىشىنى مەلۇم مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە تاللاپ چاقىرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يەش.» 3:45، 4نى كۆرۈڭ. \fp «بەزالەل» ــ مەنىسى «خۇدانىڭ سايىسىدە» ياكى «خۇدانىڭ باشپاناھىدا».\f*  \x + \xo 31:2 \xt مىس. 35‏:30؛ 1تار. 2‏:20\x* \v 3 ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، \v 4 تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، \v 5 ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدىم. \m \v 6 شۇنىڭدەك مانا، مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم، شۇنداقلا مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەممە نەرسىلەرنى ياسىسۇن دەپ، بارلىق پەم-پاراسەتلىك كىشىكەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدىم؛ \v 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى، چېدىرىنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنى، \v 8 شىرە بىلەن ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، \v 9 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى ياسىيالايدىغان، \v 10 خىزمەت كىيىملىرى، يەنى كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى توقۇيالايدىغان، \f □ \fr 31:10 \ft \+bd «خىزمەت كىيىملىرى»\+bd* ــ ياكى «كاھىنلىق خىزمەت كىيىملىرى».\f* \v 11 مەسىھلەش مېيى ۋە مۇقەددەس جايغا تەييارلىنىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەردىن خۇشبۇينى ياسىيالايدىغان بولدى. مەن ساڭا ئەمر قىلغىنىم بويىچە ئۇلار بارلىق ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ. \b \m \s1 شابات كۈنى، يەنى «دەم ئېلىش كۈنى»نى تۇتۇش كېرەك \m \v 12 پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 13 سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ ئۇلارغا: ــ «سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى چوقۇم تۇتۇڭلار؛ چۈنكى بۇلار سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ. \v 14 شابات كۈنى سىلەرگە مۇقەددەس قىلىپ بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنى تۇتۇڭلار؛ كىمكى ئۇنى بۇزسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ؛ بەرھەق، كىمكى ئۇ كۈنىدە ھەرقانداق ئىشنى قىلسا، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. \x + \xo 31:14 \xt مىس. 20‏:8؛ قان. 5‏:12؛ ئ‍ەز. 20‏:12\x* \v 15 ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ كىمكى شابات كۈنىدە بىرەر ئىش قىلسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ. \v 16 ئىسرائىللار شابات كۈنىنى تۇتۇشى كېرەك؛ ئۇلار ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تۇتسۇن. \v 17 بۇ مەن بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىي بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان بىلەن زېمىننى يارىتىپ، يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئېلىپ راھەت تاپقانىدى»، ــ دېگىن.\x + \xo 31:17 \xt يار. 1‏:31؛ 2‏:2، 3؛ مىس. 20‏:11\x* \m \v 18 خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاختايلار تاشتىن بولۇپ، \add سۆزلەر\add* خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن ئۇلارغا پۈتۈلگەنىدى.\x + \xo 31:18 \xt مىس. 32‏:16\x* \b \b \m \c 32 \s1 ئالتۇن موزايغا چوقۇنۇش گۇناھى \m \v 1 خەلق مۇسانىڭ تاغدىن چۈشمەي ھايال بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ قېشىغا يىغىلىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ، بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھ ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن ھېلىقى كىشىگە نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى.\x + \xo 32:1 \xt روس. 7‏:40\x* \m \v 2 ھارۇن ئۇلارغا: ــ خوتۇنلىرىڭلار بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل خەلق ئۆز قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ ھارۇننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. \v 4 ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئىسكىنە بىلەن قۇيما بىر موزاينى ياساتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار مانا بۇدۇر! ــ دېيىشتى. \m \v 5 ھارۇن ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىتىپ ئاندىن: «ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ»، دەپ ئېلان قىلدى. \m \v 6 ئەتىسى ئۇلار سەھەر قوپۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ كەلتۈردى؛ ئاندىن خالايىق ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشتى، قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى.\f □ \fr 32:6 \ft \+bd «قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى»\+bd* ــ ياكى «قوپۇپ ۇسسۇل ئوينىغىلى تۇردى».\f*  \x + \xo 32:6 \xt 1كور. 10‏:7\x* \m \v 7 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تېزدىن پەسكە چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭ بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى. \x + \xo 32:7 \xt قان. 32‏:5\x* \v 8 مەن ئۇلارغا بۇيرۇغان يولدىن شۇنچە تېزلا چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قۇيما موزاينى ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ قۇربانلىق كەلتۈرۈشتى ھەمدە: «ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭ مانا شۇدۇر!»، دېيىشتى، ــ دېدى.\x + \xo 32:8 \xt 1پاد. 12‏:28\x* \m \v 9 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، بۇ خەلقنى كۆرۈپ قويدۇم؛ مانا، ئۇلار دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. \x + \xo 32:9 \xt مىس. 33‏:3؛ قان. 9‏:13،6؛ يەش. 48‏:4؛ يەر. 5‏:3؛ ھوش. 4‏:16\x* \v 10 ئەمدى مېنى توسما، مەن غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن؛ ئاندىن سېنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 32:10 \ft \+bd «مېنى توسما»\+bd* ــ ياكى «مېنى قويۇپ بەر».\f* \m \v 11 لېكىن مۇسا خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، نېمىشقا سەن غەزەپ ئوتۇڭنى ئۆزۈڭ زور قۇدرەت ۋە كۈچلۈك قول بىلەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىسەن؟ \x + \xo 32:11 \xt زەب. 106‏:19-23\x* \v 12 مىسىرلىقلار مازاق قىلىپ: ــ ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى تاغلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، \add ئۇلارنىڭ خۇداسى\add* ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېيىشسۇنمۇ؟ ئۆز ئوتلۇق غەزىپىڭدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈش نىيىتىڭدىن يانغايسەن! \x + \xo 32:12 \xt چۆل. 14‏:13-19. \x* \v 13 ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن؛ سەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: «نەسلىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن، ئۆزۈم ئۇنىڭ توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇشۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى نەسلىڭلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەنىدىڭغۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 32:13 \ft \+bd «... ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ياقۇپنىڭ ئىككىنچى ئىسمى «ئىسرائىل» ئىدى.\f*  \x + \xo 32:13 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 15‏:18؛ 26‏:4؛ 28‏:13؛ قان. 34‏:4\x* \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە: «بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن» دېگەن نىيىتىدىن ياندى. \m \v 15 مۇسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى قولىغا ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. تاختايلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى؛ ئۇ يۈزىگىمۇ، بۇ يۈزىگىمۇ پۈتۈكلۈك ئىدى. \v 16 بۇ تاختايلار بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ياسىغىنى، پۈتۈلگەنلىرى بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكىنى ئىدى، ئۇ تاختايلارغا ئويۇلغانىدى.\x + \xo 32:16 \xt مىس. 31‏:18؛ قان. 9‏:10\x* \m \v 17 يەشۇئا خەلقنىڭ كۆتۈرگەن چۇقان-سۈرەنلىرىنى، ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ مۇساغا: ــ چېدىرگاھدىن جەڭنىڭ خىتابى چىقىۋاتىدۇ، دېدى. \m \v 18 لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز نە نۇسرەت تەنتەنىسى ئەمەس، نە مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادى ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! ــ دېدى. \m \v 19 مۇسا چېدىرگاھغا يېقىن كېلىپ، موزاينى ۋە جامائەتنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنداق دەرغەزەپ بولدىكى، تاختايلارنى قولىدىن تاشلاپ تاغنىڭ تۈۋىدە چېقىۋەتتى. \x + \xo 32:19 \xt قان. 9‏:17\x* \v 20 ئاندىن ئۇلار ياسىغان موزاينى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سۇ ئۈستىگە چېچىپ ئىسرائىللارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى.\x + \xo 32:20 \xt قان. 9‏:21\x* \m \v 21 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: سەن ئۇلارنى شۇنچە ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزغۇدەك، مۇشۇ خەلق ساڭا نېمە قىلدى؟ ــ دېدى. \m \v 22 ھارۇن جاۋاب بېرىپ: ــ خوجامنىڭ غەزەپ-ئاچچىقى تۇتاشمىغاي! بۇ خەلقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زەزىللىككە مايىل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. \x + \xo 32:22 \xt 1يۇھ. 5‏:19\x* \v 23 ئۇلار ماڭا: ــ «بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھنى ياساپ بەرگىن؛ چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن شۇ ئادەمگە نېمە بولغىنىنى بىلمەيمىز»، دېدى. \v 24 مەن ئۇلارغا: «كىمدە ئالتۇن بولسا شۇنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېسەم، ئۇلار ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى؛ مەن ئۇنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، مانا، بۇ موزاي چىقتى، ــ دېدى.\f □ \fr 32:24 \ft \+bd «چىقىرىپ بەرسۇن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈزۈپ بەرسۇن».\f* \m \v 25 مۇسا خەلقنىڭ قانداقسىگە تىزگىنسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ چۈنكى ھارۇن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇشقا ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنىدى. \v 26 مۇسا چېدىرگاھنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ: ــ كىمكى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدە بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى. \m \v 27 ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى.\f □ \fr 32:27 \ft \+bd «بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ كىرىش ئېغىزىدىن ئۇ كىرىش ئېغىزىغا».\f* \m \v 28 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى؛ شۇ كۈنى خەلقنىڭ ئىچىدىن ئۈچ مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. \m \v 29 ئاندىن مۇسا: ــ ھەربىرىڭلار بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا خاس بولۇشقا ئاتىدىڭلار؛ چۈنكى ھەربىرىڭلار ھەتتا ئۆز ئوغلۇڭلار ھەم قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئايىمىدىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بەخت-بەرىكەتنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈردۇڭلار، دېدى.\f □ \fr 32:29 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا خاس بولۇشقا ئاتىدىڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار ئۈچۈن قوللىرىڭلارنى تولدۇرۇڭلار» ــ دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.\f* \m \v 30 ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى. \m \v 31 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ: ــ ھەي...! بۇ خەلق دەرۋەقە ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئالتۇندىن ئىلاھلارنى ياساپتۇ! \v 32 لېكىن ئەمدى سەن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۇنىغايسەن...، ئۇنىمىساڭ، ئىسمىمنى ئۆزۈڭ يازغان دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكىن! ــ دېدى. \m \v 33 پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: ــ كىمكى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتىنى ئۆز دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. \m \v 34 ئەمدى سەن بېرىپ، مەن ساڭا ئېيتقان جايغا خەلقنى باشلاپ بارغىن. مانا، مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم كەلگەندە، ئۇلارغا گۇناھى ئۈچۈن جازا بېرىمەن، دېدى.\f □ \fr 32:34 \ft \+bd «ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۇلارنى يوقلىغان كۈنىدە». «خۇدانىڭ يوقلىشى» ــ ئۇ يېقىن كېلىپ جازاسىنى چۈشۈرىدۇ ياكى بولمىسا بەخت-بەرىكىتىنى كەلتۈرىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 35 بۇ سۆزدىن كېيىن پەرۋەردىگار خەلقنىڭ ھارۇننىڭ قولى بىلەن موزاينى قۇيدۇرۇپ ياساتقىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىدى. \b \b \m \c 33 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى سىناي تېغىدىن كېتىشكە بۇيرۇشى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يەردىن كېتىپ: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن. \x + \xo 33:1 \xt يار. 12‏:7؛ 26‏:4؛ 28‏:13\x* \v 2 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، \f □ \fr 33:2 \ft \+bd «سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، ...»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، 34:32دە تىلغا ئېلىنغان پەرىشتە.\f* \v 3 سېنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كەلتۈرىمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ \add زېمىنغا\add* بىللە چىقمايمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 33:3 \ft \+bd «ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ زېمىنغا بىللە چىقمايمەن»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئۆزى «مۇقەددەس چېدىر»نى ماكان قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرماي، ئۇلار بىلەن بىللە بارمايدۇ، ئۆز ئورنىغا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا «ئۆز پەرىشتەم»نى ئەۋەتىدۇ. ئەمەلىيەتتە «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ھۇزۇرىغا باراۋەر ئىدى؛ لېكىن مۇسا پەيغەمبەر ۋە خەلق بۇ نۇقتىنى تېخى چۈشەنمەيتتى (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). 2:3-3، ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 33:3 \xt مىس. 32‏:9؛ قان. 9‏:13\x* \m \v 4 خالايىق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ھېچقايسىسى ئۆز زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىمىدى. \v 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «\add پەرۋەردىگار\add*: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى. \m \v 6 شۇڭا ئىسرائىللار ھورەب تېغىدىن ئايرىلىپلا زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى.\f □ \fr 33:6 \ft \+bd «شۇڭا ئىسرائىللار ... زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى»\+bd* ــ ياكى «شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار ھورەب (سىناي) تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادى تاقىمىدى».\f* \b \m \s1 «كۆرۈشۈش چېدىرى» \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا، چېدىرگاھدىن نېرىراق بىر جايغا تىكىپ، ئۇنى «كۆرۈشۈش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى. \f □ \fr 33:7 \ft \+bd «مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ...»\+bd* ــ ياكى «مۇسا چېدىرنى ئېلىپ، ...». بىزنىڭچە «مۇقەددەس چېدىر» تېخى ياسالمىغانىدى. \+bd «كۆرۈشۈش چېدىرى»\+bd* ــ چوڭ مۇقەددەس چېدىر ياسالغاندىن كېيىن ئۇمۇ «كۆرۈشۈش چېدىرى» ياكى «جامائەت چېدىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. \+bd «كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى»\+bd* ــ خۇدانىڭ 3- ۋە 5-ئايەتتىكى سۆزىگە قارىغاندا، مۇسا: «خۇدا ئەمدى ئارىمىزدا، يەنى چېدىرگاھ ئوتتۇرىسىدىكى «مۇقەددەس چېدىر»دا تۇرماقچى ئەمەس؛ شۇڭا چېدىرنى ياسىغىنىمىز بىكار بولىدۇ، خۇدا ئۇنىڭدا بەرىبىر تۇرمايدۇ» ــ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا خۇدا بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇ چېدىرنىڭ ئورنىدا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا ئۆز چېدىرىنى تىككەن.\f* \v 8 شۇنداق بولاتتىكى، ھەر قېتىم مۇسا چېدىرغا چىقسا، پۈتكۈل خالايىق قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى. \v 9 ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. \f □ \fr 33:9 \ft \+bd «بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، ... توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى»\+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ ھۇزۇرى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇراتتى.\f* \v 10 پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى. \m \v 11 شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى. \b \m \s1 مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈشى \m \v 12 مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، سەن دائىم ماڭا: «بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن» دەپ كەلدىڭ؛ لېكىن ئۆزۈڭ ماڭا: «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»، ۋە شۇنىڭدەك «نەزىرىم ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىڭ» دېگەن بولساڭمۇ، سەن مېنىڭ بىلەن بىرگە كىمنى ئەۋەتىدىغىنىڭنى ماڭا ئايان قىلمىدىڭ. \f □ \fr 33:12 \ft \+bd «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر خۇدانىڭ مەلۇم بىر كىشىنى (مۇشۇ يەردە مۇسانى) ئالاھىدە سۆيىدىغىنىنى ياكى تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 13 ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىۋېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئايان قىلغايسەن؛ مانا، بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن! ــ دېدى. \m \v 14 ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن ئۆزۈم \add سەن\add* بىللە بىللە بېرىپ، ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 33:14 \ft \+bd «...\+bd*\+bdit مەن\+bdit* ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن» ــ يۇقىرىدا، 10:32دە خۇدا مۇساغا: «مېنى توسما» (ئىبرانىي تىلىدا «ماڭا ئارام بەرگىن!» ياكى «مېنى قويغىن») دېگەنىدى؛ لېكىن ئۇ ھازىر مۇساغا «مەن ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن» دەيدۇ.\f* \m \v 15 مۇسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ \add بىز\add* بىلەن بىللە ماڭمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن؛ \v 16 چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى.\x + \xo 33:16 \xt قان. 4‏:7\x* \m \v 17 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مۇشۇ ئىلتىجايىڭنىمۇ ئىجابەت قىلىمەن؛ چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن، دېدى.\f □ \fr 33:17 \ft \+bd «...مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»\+bd* ــ 12-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا: ــ ئۆز شان-شەرپىڭنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن، ــ دېدى. \m \v 19 \add پەرۋەردىگار\add*: ــ ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مېھرىبانلىقىمنى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن ئۆتكۈزىمەن ۋە ئالدىڭدا «ياھۋەھ» دېگەن نامنى جاكارلايمەن. كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىمەن، كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولسام، شۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن، دېدى.\f □ \fr 33:19 \ft \+bd «ياھۋەھ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىنكى، «ياھۋەھ» خۇدانىڭ ئالاھىدە نامىدۇر، مەنىسى «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەندەك. بىز بۇ نامنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلىمىز.\f*  \x + \xo 33:19 \xt رىم. 9‏:15\x* \m \v 20 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى. \m \v 21 ئاندىن پەرۋەردىگار: ــ مانا، يېنىمدا بىر جاي باردۇر؛ سەن شۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. \v 22 مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، شۇنداق بولىدۇكى، مەن سېنى شۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىدا تۇرغۇزۇپ، مەن ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. \v 23 ئاندىن قولۇمنى تارتىۋالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 33:23 \ft \+bd «... سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن»\+bd* ــ «... سەن مېنىڭ كەينىمدە قالغان ئىزنالىرىمنى كۆرىسەن» دېگەندەك تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. \+bd «لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ»\+bd* ــ ياكى «لېكىن يۈزۈمنىڭ كۆرۈلۈشى بولمايدۇ».\f* \b \b \m \c 34 \s1 ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختايلىرىنىڭ قايتا بېرىلىشى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ كەل؛ مەن بۇ تاختايلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن. \x + \xo 34:1 \xt قان. 10‏:1\x* \v 2 سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، شۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن. \v 3 لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە ياكى تاغنىڭ ھېچ يېرىدە باشقا ئادەم كۆرۈنمىسۇن، قوي-كالىلارمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، ــ دېدى.\x + \xo 34:3 \xt مىس. 19‏:13،12\x* \m \v 4 مۇسا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ، ئەتىسى تاڭ سەھەر قوپۇپ، بۇ ئىككى تاش تاختاينى قولىدا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى. \f □ \fr 34:5 \ft \+bd «ياھۋەھ»\+bd* ــ 19:33 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 6 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر، \f □ \fr 34:6 \ft \+bd «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياھۋەھ، ياھۋەھ». \+bd «شاپائەت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەسەد» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (6:20 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 34:6 \xt مىس. 33‏:19\x* \v 7 مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان \add تەڭرىدۇر\add*» ــ دەپ جاكارلىدى.\f □ \fr 34:7 \ft \+bd «رەھىم-شاپائەت»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەسەد» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (6:20 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). \+bd «ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان»\+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (5:20، 7:34 توغرۇلۇق)، شۇنداقلا «ئەزاكىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (18-، 33-بابلار توغرۇلۇق) كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 34:7 \xt مىس. 20‏:6؛ چۆل. 14‏:18؛ قان. 5‏:10؛ زەب. 86‏:14؛ 103‏:8؛ 145‏:8؛ يەر. 32‏:18\x* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: ــ \m \v 9 ــ ئەي رەب، ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۇنداقتا ئى رەب، ئارىمىزدا بىز بىلەن ماڭغايسەن؛ چۈنكى بۇ خەلق دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر؛ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىزنى ۋە گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن! ــ دېدى.\x + \xo 34:9 \xt لاۋ. 25‏:38؛ زەب. 28‏:9؛ 33‏:12؛ زەك. 2‏:16\x* \b \m \s1 يېڭىۋاشتىن ئەھدە تۈزۈش \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇساغا: ــ مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ سېنىڭ بارلىق خەلقىڭ ئالدىدا پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ھېچبىر جايىدا ياكى ھېچبىر ئەل ئارىسىدا قىلىنىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئارىسىدا بولغان خەلقىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ \add كارامەت\add* ئەمەلىنى كۆرىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم دەرۋەقە دەھشەتلىك ئىش بولىدۇ. \f □ \fr 34:10 \ft \+bd «مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ ساڭا قىلىدىغان ئەمەلىم».\f*  \x + \xo 34:10 \xt قان. 5‏:2؛ يە. 10‏:13،12\x* \v 11 مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلايدىغان ئەمرلىرىمنى تۇتقىن؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئامورىي، قانائانىي، ھىتتىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. \v 12 ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛ \x + \xo 34:12 \xt مىس. 23‏:32؛ چۆل. 33‏:51؛ قان. 7‏:2\x* \v 13 بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار. \f □ \fr 34:13 \ft \+bd «ئاشەراھ بۇتلىرى»\+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 14 چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك ــ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن. \x + \xo 34:14 \xt مىس. 20‏:5\x* \v 15 بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛ \v 16 سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن.\x + \xo 34:16 \xt 1پاد. 11‏:2\x* \m \v 17 ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قۇيما بۇتلارنى ياساتمىغىن. \m \v 18 پېتىر نان ھېيتىنى تۇتۇڭلار؛ مېنىڭ ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى سىلەر ئابىب ئېيىدا مىسىردىن چىققانسىلەر.\x + \xo 34:18 \xt مىس. 12‏:15؛ 23‏:15\x* \m \v 19 بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن.\x + \xo 34:19 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ ئ‍ەز. 44‏:30\x* \m \v 20 لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا \add قوزا\add* بەرمىسەڭ، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. تۇنجى ئوغۇللىرىڭنى بولسا، ئۇلارغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋال. ھېچكىم مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.\f □ \fr 34:20 \ft \+bd «... تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، قوزا تەخەينىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 34:20 \xt مىس. 13‏:13؛ 23‏:15؛ قان. 16‏:16\x* \m \v 21 سەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش-ئەمەلىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر؛ يەر ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر.\x + \xo 34:21 \xt مىس. 20‏:9\x* \m \v 22 يېڭى بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى تەبرىكلەيدىغان «ھەپتىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار؛ يىلنىڭ ئاخىرىدا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار.\f □ \fr 34:22 \ft \+bd «يىلنىڭ ئاخىرىدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يىلنىڭ ئۆزگىرىشىدە» ــ يەنى كۈزدە. \+bd «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»\+bd* ــ مۇشۇ ھوسۇل بولسا مېۋە-چېۋىلەرنىڭكىدۇر. ئىبرانىيلار ئىشلەتكەن كالېندار بويىچە، ھېيت يەتتىنچى ئايدا، بەزى يىللىرىدا سېنتەبردە، بەزى يىللاردا ئۆكتەبردە بولاتتى. \fp \f*  \x + \xo 34:22 \xt مىس. 23‏:16\x* \m \v 23 سېنىڭ ھەربىر ئەركەك كىشىلىرىڭ يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن. \x + \xo 34:23 \xt مىس. 23‏:17؛ قان. 16‏:16\x* \v 24 چۈنكى مەن تائىپىلەرنى ئالدىڭدىن ھەيدىۋېتىپ، چېگرالىرىڭنى كېڭەيتىمەن؛ شۇنىڭدەك سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشقا چىقىپ بارساڭ، ھېچكىم يېرىڭگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ. \m \v 25 ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن؛ ياكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى ئەتىگە قالدۇرما.\f □ \fr 34:25 \ft \+bd «ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ قۇربانلىقىمنىڭ...». مۇشۇ يەردە بۇ سۆز بەلكىم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ھېيتتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. «مېنىڭ قۇربانلىقىمنىڭ قېنى» بولسا مەزكۇر ھېيتلاردا قۇربانگاھ ئۈستىگە تۆكۈلىدىغان قانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 34:25 \xt مىس. 23‏:18\x* \m \v 26 زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. \m ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما.\f □ \fr 34:26 \ft \+bd «ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما»\+bd* ــ بۇ ئەمر بەلكىم ئەتراپتىكى بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ مەلۇم ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگەشمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 34:26 \xt مىس. 23‏:19؛ لاۋ. 22‏:27؛ قان. 14‏:21\x* \m \v 27 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن؛ چۈنكى مەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ سەن بىلەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە باغلىدىم، دېدى. \m \v 28 ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە \add پەرۋەردىگار\add* تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى.\f □ \fr 34:28 \ft \+bd «ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھېچ ناننى يېمىدى». \+bd «ئۇ يەردە پەرۋەردىگار تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ يەردە ئۇ تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى». بەزىلەر: «ئۇ» مۇسانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، بىراق «قان.» 2:10-4تىن ئېنىق كۆرۈنىدۇكى، بۇ سۆزلەرنى پۈتكۈچى خۇدا ئۆزىدۇر.\f*  \x + \xo 34:28 \xt مىس. 24‏:18؛ 31‏:18؛ 34‏:1؛ قان. 4‏:13؛ 9‏:18،9\x* \b \m \s1 مۇسانىڭ يۈزىنىڭ پارقىراپ تۇرۇشى \m \v 29 مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ \add پەرۋەردىگار\add* بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. \x + \xo 34:29 \xt 2كور. 3‏:7\x* \v 30 ئەمدى ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىللار مۇسانى كۆردى، مانا، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى پارقىراپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقۇشتى. \m \v 31 لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرىۋىدى، ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ بارلىق باشلىرى يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. \m \v 32 شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە سىناي تېغىدا سۆز قىلغىنىدا تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى. \v 33 مۇسا ئۇلارغا دەيدىغىنىنى دەپ تۈگەتتى. ئۇ \add سۆزلىگەندە\add* يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى؛ \f □ \fr 34:33 \ft \+bd «ئۇ سۆزلىگلەندە يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ (مۇسا) ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندا يۈزىگە نىقاب تارتىۋالدى».\f*  \x + \xo 34:33 \xt 2كور. 3‏:13،7\x* \v 34 قاچانكى مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، چۈمپەردىنى ئېلىۋېتەتتى، تاكى ئۇ يېنىپ چىققۇچە شۇنداق بولاتتى؛ يېنىپ چىققاندا ئۆزىگە نېمە تاپىلانغان بولسا، شۇنى ئىسرائىللارغا ئېيتىپ بېرەتتى. \v 35 ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈز تېرىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى؛ شۇڭا مۇسا يەنە تاكى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالاتتى. \b \b \m \c 35 \s1 شابات كۈنى، يەنى «ئارام ئېلىش كۈنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرى \m \v 1 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرلەر مۇنۇلاردۇر: ــ \x + \xo 35:1 \xt مىس.34‏:32\x* \m \v 2 ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك كۈنى بولسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى سىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر كۈن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولسۇن. ھەركىم شۇ كۈنىدە ئىش-ئەمگەك قىلسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. \x + \xo 35:2 \xt مىس. 20‏:8؛ 31‏:15؛ لاۋ. 23‏:3؛ قان. 5‏:12؛ لۇقا 13‏:14\x* \v 3 شابات كۈنىدە بارلىق تۇرالغۇلىرىڭلاردا ھەرگىز ئوت قالىماڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 35:3 \xt مىس. 16‏:23\x* \b \m \s1 ئىبادەت جايى ئۈچۈن ھەدىيە سۇنۇش \m \v 4 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئەمر مانا شۇكى: ــ \m \v 5 ئۆزۈڭلارنىڭ ئاراڭلاردىن پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» كەلتۈرۈڭلار؛ كۆڭلى خالىغانلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىنى كەلتۈرسۇن: يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، \x + \xo 35:5 \xt مىس. 25‏:2\x* \v 6 كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ، ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، \x + \xo 35:6 \xt مىس. 25‏:4\x* \v 7 قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى، \x + \xo 35:7 \xt مىس. 25‏:5\x* \v 8 چىراغدان ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» بىلەن خۇشبۇي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەر، \x + \xo 35:8 \xt مىس. 25‏:6\x* \v 9 ئەفودقا ھەم قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىق ۋە باشقا ياقۇتلارنى كەلتۈرۈڭلار».\x + \xo 35:9 \xt مىس. 25‏:7؛ 28‏:20،17\x* \b \m \s1 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ماتېرىيال-ئۈسكۈنلىرىنى ياساش \m \v 10 ــ «ئاراڭلاردىكى بارلىق ماھىر ئۇستىلار كېلىپ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ياساپ بەرسۇن: \f □ \fr 35:10 \ft \+bd «ماھىر ئۇستىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆڭلى دانالار».\f* \v 11 ــ \add مۇقەددەس\add* چېدىر بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى يوپۇقلىرىنى، ئىلغۇلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، \x + \xo 35:11 \xt مىس. 26‏:26\x* \v 12 ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى، \v 13 شىرە ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى ۋە «تەقدىم نانلىرى»نى، \x + \xo 35:13 \xt مىس. 25‏:23، 30\x* \v 14 يورۇقلۇق ئۈچۈن ياسالغان چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، ئۇنىڭ چىراغلىرى ۋە چىراغ مېيىنى، \v 15 خۇشبۇيگاھ ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، دورا-دەرمەكلەردىن ئىشلەنگەن خۇشبۇينى، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «ئىشىك پەردىسى»نى، \x + \xo 35:15 \xt مىس. 26‏:36؛ 30‏:1؛ 31‏:11\x* \v 16 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، بالداقلىرىنى ۋە بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى، \x + \xo 35:16 \xt مىس. 27‏:4؛ 30‏:18\x* \v 17 ھويلىنىڭ پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىنى، \x + \xo 35:17 \xt مىس. 27‏:16،9\x* \v 18 چېدىرنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، ھويلىنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تانىلىرىنى، \x + \xo 35:18 \xt مىس. 27‏:19\x* \v 19 توقۇلىدىغان كىيىملەر، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىگە كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تەييار قىلسۇن».\f □ \fr 35:19 \ft \+bd «توقۇلىدىغان كىيىملەر»\+bd* ــ ياكى «كاھىنلىق خىزمەت كىيىملىرى».\f*  \x + \xo 35:19 \xt مىس. 28؛ 31‏:10\x* \b \m \s1 خەلقنىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سى \m \v 20 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى. \v 21 ئاندىن كۆڭلى تارتقانلارنىڭ ھەربىرى، روھى ئۆزلىرىگە تۈرتكە بولغانلارنىڭ ھەربىرى كېلىپ، جامائەت چېدىرىنى ياساشقا، شۇنداقلا چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سەرەمجانلارنى ياساشقا ۋە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»نى كەلتۈرگىلى تۇردى. \v 22 ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ، سۇنۇشقا كۆڭلى خۇش بولغانلارنىڭ ھەربىرى ھەدىيە كەلتۈرۈپ، بۇلاپكا، زىرە-ھالقا، ئۈزۈك، زۇننار-بىلەزۈك قاتارلىق ھەرخىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى؛ ئالتۇننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ بېرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇندى. \f □ \fr 35:22 \ft \+bd «ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ،...»\+bd* ــ ياكى «ئەر كىشىلەر ئايال كىشىلەرگە ئەگىشىپ،...».\f* \v 23 كىمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە دېلفىن تېرىسى بولسا، شۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. \v 24 كۈمۈش يا مىستىن كۆتۈرمە ھەدىيە كەلتۈرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى شۇنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ سۇندى. كىمدە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سەرەمجانلارغا يارىغۇدەك ئاكاتسىيە ياغىچى بولسا، ئۇنى ئېلىپ كەلدى. \m \v 25 قولى چېۋەر ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېگىرىپ، شۇ ئېگىرگەن يىپ ۋە رەختلەرنى، يەنى كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەختلەرنى كەلتۈردى، \f □ \fr 35:25 \ft \+bd «قولى چېۋەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆڭلى دانا».\f*  \x + \xo 35:25 \xt پەند. 31‏:19\x* \v 26 شۇنىڭدەك كۆڭلى قوزغالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. \m \v 27 ئەمىرلەر ئەفود ۋە قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىقلار ۋە ياقۇتلارنى، \v 28 دورا-دەرمەكلەرنى، چىراغقا ۋە مەسىھلەش مېيىغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيىنى، خۇشبۇيغا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەرنى كەلتۈردى. \x + \xo 35:28 \xt مىس. 25‏:6\x* \v 29 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەرقايسىغا بىر نەرسە بېرىشكە كۆڭلى تارتقان بولسا، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەربىرى شۇنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىختىيارىي ھەدىيە بەردى. \b \m \s1 ئىبادەت چېدىرىنى ياسىغۇچى ھۈنەرۋەنلەر \m \v 30 ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ \m «مانا، پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ، \f □ \fr 35:30 \ft \+bd «ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ،...»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر خۇدانىڭ مەلۇم بىر كىشىنى مەلۇم مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە تاللاپ چاقىرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يەش.» 3:45، 4نى كۆرۈڭ. \fp «بەزالەل» ــ مەنىسى «خۇدانىڭ سايىسىدە» ياكى «خۇدانىڭ باشپاناھىدا».\f*  \x + \xo 35:30 \xt مىس. 31‏:2\x* \v 31 ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، \x + \xo 35:31 \xt مىس. 31‏:3\x* \v 32 ئۇنى تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان ــ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، \x + \xo 35:32 \xt مىس. 31‏:4\x* \v 33 ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدى. \x + \xo 35:33 \xt مىس. 31‏:5\x* \v 34 ئۇ يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىگە، شۇنىڭدەك ھەم دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭ كۆڭلىگە \add باشقىلارغا\add* ھۈنەر ئۆگىتىش نىيەت-ئىستىكىنى سېلىپ، \v 35 ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى دانالىق-ھېكمەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرخىل نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت بىلەن كەشتىچىلىك قىلىشقا ھەمدە باپكارلىققا ئىقتىدارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەرخىل لايىھىلەش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى. \x + \xo 35:35 \xt مىس. 26‏:1\x* \b \b \m \c 36 \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». \b \m \s1 خەلقنىڭ ھەدىيەلىرى \m \v 2 شۇ ۋاقىتتا مۇسا بەزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار دانالىق-ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان، كۆڭلى ئۆزىنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىشقا دالالەت قىلغان بارلىق ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى چاقىرىپ يىغدى. \v 3 ئۇلار كېلىپ مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك سەرەمجانلارنى ياساشقا ئىسرائىللار ئېلىپ كەلتۈرگەن بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىسرائىل خەلقى يەنىلا ئۆز مەيلى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى مۇساغا ئىختىيارىي ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. \v 4 ئاندىن مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ قويۇپ كېلىپ، \v 5 مۇساغا: ــ خەلقنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئېھتىياج بولغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ــ دېيىشتى. \m \v 6 ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى. \v 7 چۈنكى ئۇلار تەييارلىغان ماتېرىياللار پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەتتى، ھەتتا ئېشىپ قالاتتى. \b \m \s1 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشى \m \v 8 مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن ئون پارچە يوپۇق ياساپ، كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى يوپۇقلارغا چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقتى. \v 9 ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. \x + \xo 36:9 \xt مىس. 26‏:2\x* \v 10 \add بەزالەل\add* يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى، قالغان بەش يوپۇقنىمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلىدى. \v 11 ئۇ ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمىلەرنى قادىدى، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلدى. \x + \xo 36:11 \xt مىس. 26‏:4\x* \v 12 بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىدى. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىندى. \x + \xo 36:12 \xt مىس. 26‏:10،5\x* \v 13 مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى.\x + \xo 36:13 \xt مىس. 26‏:6\x* \m \v 14 ئۇ مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىدى؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىدى. \v 15 يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. \v 16 يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلدى. \v 17 ئۇ بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى. \v 18 ئۇ چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويدى.\x + \xo 36:18 \xt مىس. 26‏:11\x* \m \v 19 ئۇ بۇنىڭدىن باشقا چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىدى.\x + \xo 36:19 \xt مىس. 26‏:14\x* \m \v 20 ئۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىدى. \x + \xo 36:20 \xt مىس. 26‏:15\x* \v 21 ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز قىلىندى. \x + \xo 36:21 \xt مىس. 26‏:16\x* \v 22 ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بار ئىدى، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى؛ ئۇ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى.\x + \xo 36:22 \xt مىس. 26‏:17\x* \m \v 23 ئۇ چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى؛ يىگىرمىسى جەنۇب تەرەپكە ئورنىتىلدى؛ \x + \xo 36:23 \xt مىس. 26‏:18\x* \v 24 ئۇ بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ \add ئاستىدىكى\add* ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىكنى ياسىدى.\x + \xo 36:24 \xt مىس. 26‏:19\x* \m \v 25 شۇنىڭدەك ئۇ چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ياسىدى، \x + \xo 36:25 \xt مىس. 26‏:20\x* \v 26 شۇنداقلا بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكىنى كۈمۈشتىن ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. \x + \xo 36:26 \xt مىس. 26‏:21\x* \v 27 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاينى ياساپ ئورناتتى. \x + \xo 36:27 \xt مىس. 26‏:22\x* \v 28 ئۇ چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتتى. \x + \xo 36:28 \xt مىس. 26‏:23\x* \v 29 بۇ بۇلۇڭ تاختايلىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىپ \add تاختايلارنى\add* ئۆزئارا چېتىشتۇردى، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلدى. ئۇ ھەر ئىككىسىنى شۇنداق ياساپ، ئىككى بۇلۇڭغا ئورناتتى. \x + \xo 36:29 \xt مىس. 26‏:24\x* \v 30 شۇڭلاشقىمۇ ئۇ تەرىپىدە سەككىز تاختاي بولدى، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بار ئىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بار ئىدى.\x + \xo 36:30 \xt مىس. 26‏:25\x* \m \v 31 بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىدى؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، \x + \xo 36:31 \xt مىس. 26‏:26\x* \v 32 چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغىمۇ بەش بالداقنى ياسىدى. \x + \xo 36:32 \xt مىس. 26‏:27\x* \v 33 ئۇ تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا بالداقنى بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ ياسىدى. \x + \xo 36:33 \xt مىس. 26‏:28\x* \v 34 ئۇ تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.\x + \xo 36:34 \xt مىس. 26‏:29\x* \m \v 35 ئۇ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى؛ ئۇنى كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ، كەشتىلەپ چىقاردى. \x + \xo 36:35 \xt مىس. 26‏:31\x* \v 36 ئۇنى ئېسىشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت خادا ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى؛ خادىلارغا ئۇ كۈمۈشتىن تۆت تەگلىكنى قۇيۇپ ياسىدى.\x + \xo 36:36 \xt مىس. 26‏:32\x* \m \v 37 ئۇ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نەپىس توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى، ئۇنى كەشتىچىگە كەشتىلەتتى. \x + \xo 36:37 \xt مىس. 26‏:36\x* \v 38 ئۇ يەنە بۇ پەردىنىڭ بەش خادىسىنى ئىلمەكلىرى بىلەن قوشۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇلارنىڭ بەش تەگلىكى مىستىن ياسالدى.\f □ \fr 36:38 \ft \+bd «\+bd*\+bdit بەش خادىنىڭ\+bdit* باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى» ــ 37:26 ئايەتتىكى مۇشۇ خادىلارنى «ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن» دېيىلىدۇ. مۇشۇ ئايەتتە قاپلىنىش كۆلۈمى دائىرىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ ــ قارىغاندا، پۈتۈن خادىلار ئەمەس، بەلكى پەقەت «باشلىرى» ۋە «چېتىق»لىرى ئالتۇن بىلەن قاپلىنىدۇ. \fp «بالداقلار» ــ ئۇلار خادىلارنى ئۆزئارا چېتىپ تۇرىدىغان تاياقچىلار بولۇپ، خادىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە پەردىلەرنىمۇ كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ (17:38نى كۆرۈڭ). «بالداقلار»نىڭ باشقا تەرجىمىلىرى: «ھالقىلار» ياكى «چەمبەرلەر».\f*  \x + \xo 36:38 \xt مىس. 26‏:37\x* \b \b \m \c 37 \s1 ئەھدە ساندۇقىنى ياساش \m \v 1 ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. \x + \xo 37:1 \xt مىس. 25‏:10\x* \v 2 ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. \v 3 ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى. \f □ \fr 37:3 \ft \+bd «تۆت چېتىقىغا»\+bd* ــ ياكى «تۆت پۇتىغا».\f* \v 4 ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ \v 5 ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى. \m \v 6 ئۇ \add ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە\add* ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىدى. \v 7 ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛ \v 8 بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى. \f □ \fr 37:8 \ft \+bd «ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى»\+bd* ــ ياكى «ئۇ كېرۇبلار بىلەن كافارەت تەختىنى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسىدى».\f*  \x + \xo 37:8 \xt مىس. 25‏:19\x* \v 9 كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلدى.\x + \xo 37:9 \xt مىس. 25‏:20\x* \b \m \s1 شىرە \m \v 10 ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. \x + \xo 37:10 \xt مىس. 25‏:23\x* \v 11 ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. \x + \xo 37:11 \xt مىس. 25‏:24\x* \v 12 ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى. \x + \xo 37:12 \xt مىس. 25‏:25\x* \v 13 ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى. \x + \xo 37:13 \xt مىس. 25‏:26\x* \v 14 شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى. \x + \xo 37:14 \xt مىس. 25‏:27\x* \v 15 شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى. \v 16 ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، \add «شاراب ھەدىيەلىرى»نى\add* قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.\x + \xo 37:16 \xt مىس. 25‏:29\x* \b \m \s1 چىراغداننى ياساش \m \v 17 ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى. \x + \xo 37:17 \xt مىس. 25‏:31\x* \v 18 چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛ \x + \xo 37:18 \xt مىس. 25‏:32\x* \v 19 بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. \x + \xo 37:19 \xt مىس. 25‏:33\x* \v 20 چىراغداننىڭ \add غولىدىن\add* بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى. \f □ \fr 37:20 \ft \+bd «غولىدىن»\+bd* ــ يەنى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن. 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 37:20 \xt مىس. 25‏:34\x* \v 21 بۇلاردىن باشقا \add بىرىنچى\add* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، \add ئىككىنچى\add* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، \add ئۈچىنچى\add* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. \v 22 ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى. \x + \xo 37:22 \xt مىس. 25‏:36\x* \v 23 ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. \x + \xo 37:23 \xt مىس. 25‏:38،37\x* \v 24 ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.\f □ \fr 37:24 \ft \+bd «بىر تالانت ئالتۇن»\+bd* ــ بەلكىم 4.4 كىلوگرامچە بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 37:24 \xt مىس. 25‏:39\x* \b \m \s1 خۇشبۇيگاھنى ياساش \m \v 25 ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ \add تۆت بۇرجىكىدىكى\add* مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى. \x + \xo 37:25 \xt مىس. 30‏:1، 2\x* \v 26 ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. \x + \xo 37:26 \xt مىس. 30‏:3\x* \v 27 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى. \f □ \fr 37:27 \ft \+bd «ئىككى يېنىغا...»\+bd* ــ ياكى «ئىككى بۇرجىكىگە...».\f*  \x + \xo 37:27 \xt مىس. 30‏:4\x* \v 28 ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.\x + \xo 37:28 \xt مىس. 30‏:5\x* \m \v 29 ئۇ ھەم مۇقەددەس مەسىھلەش مېيىنى ياسىدى، ئاندىن ئەتىرچى چىقارغاندەك دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەپ ساپ خۇشبۇينى ياسىدى.\x + \xo 37:29 \xt مىس. 30‏:34،22\x* \b \b \m \c 38 \s1 قۇربانگاھنى ياساش \m \v 1 ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىندى. \x + \xo 38:1 \xt مىس. 27‏:1\x* \v 2 ئۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىدى؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىدى. \x + \xo 38:2 \xt مىس. 27‏:2\x* \v 3 ئۇ قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ــ ئۇنىڭغا خاس بولغان داسلارنى، گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىدى؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مىستىن ياسىدى. \x + \xo 38:3 \xt مىس. 27‏:3\x* \v 4 قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىدى؛ شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلدى؛ شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. \x + \xo 38:4 \xt مىس. 27‏:4، 5\x* \v 5 ئۇ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت مىس ھالقىنى قۇيۇپ ياسىدى. \v 6 ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىدى. \v 7 ئاندىن ئۇ قۇربانگاھنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بالداقلارنى قۇربانگاھنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۇ قۇربانگاھنى تاختايلاردىن، ئىچىنى بوش قىلىپ ياسىدى.\x + \xo 38:7 \xt مىس. 27‏:8\x*  \fig ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى|src="tabobjects-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 7:38" \fig* \b \m \s1 يۇيۇنۇش دېسىنى ياساش \m \v 8 ئۇ يەنە يۇيۇنۇش دېسىنى مىستىن، ئۇنىڭ تەگلىكىنىمۇ مىستىن ياسىدى؛ ئۇ بۇلارنى «كۆرۈشۈش چېدىرى»نىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغان ئاياللارنىڭ مىس ئەينەكلىرىدىن ياسىدى.\x + \xo 38:8 \xt مىس. 30‏:18\x*  \fig ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى|src="taboverview-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 8:38" \fig* \b \m \s1 ئىبادەت جايىنىڭ ھويلىسى \m \v 9 ئاندىن ئۇ چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىدى. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. \x + \xo 38:9 \xt مىس. 27‏:9\x* \v 10 پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. \m \v 11 شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. \m \v 12 شۇنىڭغا ئوخشاش غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى؛ پەردىلەرنى ئېسىشقا ئون خادا ۋە خادىلارنىڭ ئون تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. \m \v 13 ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. \v 14 بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. \v 15 يەنە بىر تەرىپىدىمۇ ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. \v 16 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنىڭ ھەممىسى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن تىكىلگەنىدى. \m \v 17 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلارنىڭ تەگلىكى مىستىن، ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى؛ خادىلارنىڭ باشلىرىمۇ كۈمۈشتىن قاپلانغانىدى. ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى. \m \v 18 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچىلەر تەرىپىدىن كەشتىلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ھويلىدىكى پەردىلەرنىڭ ئېگىزلىكىگە ئوخشاش بولۇپ بەش گەز ئىدى. \v 19 ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن مىستىن ياسالغان تۆت تەگلىكى بار ئىدى؛ خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى، ئۇلارنىڭ باشلىرى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. \m \v 20 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھەم چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن ياسالدى. \b \m \s1 ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللار \m \v 21 مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، \add خۇداغا\add* ئاتالغانىدى): ــ \m \v 22 يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى؛ \v 23 دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىياب ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى؛ ئۇ بولسا نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئۇستىسى، لايىھىلىگۈچى ھەمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپتىن ئاق كاناپ رەختكە كەشتە تىكەلەيدىغان ئۇستا ئىدى. \m \v 24 مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن، يەنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل ئىدى. \f □ \fr 38:24 \ft \+bd «يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل...»\+bd* ــ بىر «تالانت» 3000 شەكەل ئىدى. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەل»نىڭ بىرلىكى (ئالتۇن) 224 گرام بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئالتۇنلارنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 توننا بولغان بولىدۇ.\f* \v 25 جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن كۈمۈش بولسا مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ئىدى. \f □ \fr 38:25 \ft \+bd «جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر...»\+bd* ــ بۇ «ئادەملەر» ئەركەك كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ («چۆل.» 2:1-46نى كۆرۈڭ). \+bd «بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ...»\+bd* ــ كۈمۈشكە نىسبەتەن «تالانت» ۋە «شەكەل»نىڭ بىرلىكى ئالتۇننىڭكىگە ئوخشاش بولسا، بۇ كۈمۈشلەرنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 6.7 توننا بولغان بولىدۇ.\f* \v 26 بۇ كۈمۈش نوپۇسى رويخەتكە ئېلىنغان كىشىلەردىن ئېلىنغانىدى ــ دېمەك، كىمكى يىگىرمە ياش يا ئۇنىڭدىن چوڭ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ ھەربىرى بىر بېكا، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل كۈمۈش بەردى. ساناقتىن ئۆتكەن كىشى ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. \m \v 27 مۇقەددەس جاينىڭ تەگلىكلىرىنى ھەم ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ تەگلىكلىرىنى قۇيۇشقا يۈز تالانت كۈمۈش كەتتى؛ يۈز تالانت كۈمۈشتىن يۈز تەگلىك ياسىلىپ، ھەربىر تەگلىك ئۈچۈن بىر تالانت ئىشلىتىلدى. \v 28 ئۇ قالغان بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل كۈمۈشتىن خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرىنى ياسىدى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاپلىدى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرىگە چاتىدىغان بالداقلارنى ياسىدى. \m \v 29 «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن مىس بولسا يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى. \f □ \fr 38:29 \ft \+bd «يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل...»\+bd* ــ بىر «تالانت» مىس 1500 شەكەل ياكى بەزىدە 3000 شەكەل ھېسابلىنىدۇ؛ بىر شەكەل مىس 224 گرام ياكى 540 گرام بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ مىسنىڭ ئېغىرلىقى 23-92 توننا ئوتتۇرىسىدا بولسا كېرەك.\f* \v 30 بۇنىڭدىن ئۇ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تەگلىكلىرىنى، مىس قۇربانگاھنى، ئۇنىڭ مىس شالاسى ۋە قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، \v 31 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى خادا تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەگلىكلەرنى، چېدىرنىڭ بارلىق قوزۇقلىرىنى ۋە ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى قوزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ياسىدى. \b \b \m \c 39 \s1 كاھىنلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنىڭ تىكىلىشى \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئىشلىتىلىپ، مۇقەددەس چېدىرنىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان \add كاھىنلىق\add* كىيىملەر، شۇنداقلا ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى تەييار قىلىندى.\x + \xo 39:1 \xt مىس. 31‏:10؛ 35‏:19\x*  \fig باش كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى|src="highpriest-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 1:39" \fig* \m \v 2 \add بەزالەل\add* ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەردىن ئەفودنى ياساپ تەييارلىدى. \x + \xo 39:2 \xt مىس. 28‏:6\x* \v 3 ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ئاندىن بۇلارنى ماھىرلىق بىلەن كۆك يىپلار، سۆسۈن يىپلار ۋە قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى. \f □ \fr 39:3 \ft \+bd «ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ... كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى»\+bd* ــ ئەينى ئىبرانىي تېكىستنى چۈشىنىش بىر قەدەر تەس. ئۇنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 39:3 \xt مىس. 28‏:6\x* \m \v 4 ئۇلار ئەفودنىڭ \add ئالدى ۋە كەينى\add* قىسمىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى مۈرىلىك تاسما ياسىدى؛ ئەفودنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى. \v 5 ئەفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \x + \xo 39:5 \xt مىس. 28‏:8\x* \v 6 ئۇلار ئىككى ئاق ھېقىقنى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۆھۈر ئويغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويۇپ ياسىدى. \x + \xo 39:6 \xt مىس. 28‏:11،10،9\x* \v 7 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى.\f □ \fr 39:7 \ft \+bd «... ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى»\+bd* ــ ئەفود توغرۇلۇق مۇناسىۋەتلىك سېخمىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 39:7 \xt مىس. 28‏:12\x* \b \m \s1 ھۆكۈم قوشېنىنى ياساش \m \v 8 ئۇ قوشېننى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياسىدى؛ ئۇنى ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىدى. \v 9 ئۇلار قوشېننى ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىپ ياسىدى؛ ئىككى قات قىلىنغاندا ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ كېلەتتى. \x + \xo 39:9 \xt مىس. 28‏:16\x* \v 10 ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتتى: ــ بىر قاتاردىكىسى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەتلەر ئىدى؛ بۇ بىرىنچى قاتار ئىدى. \x + \xo 39:10 \xt مىس. 28‏:17\x* \v 11 ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس، \x + \xo 39:11 \xt مىس. 28‏:18\x* \v 12 ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس، \v 13 تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە بېكىتىلدى. \v 14 بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلدى. \m \v 15 ئۇلار قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن \add ئىككى\add* ئېشىلمە زەنجىر ياسىدى؛ \v 16 ئۇلار قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ \add يۇقىرىقى\add* ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ \f □ \fr 39:16 \ft \+bd «ئىككى بۇرجىكىگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى بېشىغا».\f* \v 17 ئاندىن شۇ ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ \add يۇقىرىقى\add* ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، \v 18 ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، \add كۆزلۈكلەرنى\add* ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى. \v 19 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ \add ئاستى تەرىپىدىكى\add* ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالدى. \f □ \fr 39:19 \ft \+bd «ئىككى بۇرجىكىگە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى بېشىغا».\f* \v 20 مۇندىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن \add يەنە\add* ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتتى. \v 21 ئۇلار قوشېننىڭ ئەفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆك شوينا بىلەن قوشېننىڭ ھالقىسىنى ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \b \m \s1 كاھىنلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەرنىڭ تىكىلىشى \m \v 22 \add بەزالەل\add* ئەفودنىڭ \add ئىچىدىكى\add* توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلدى. \v 23 توننىڭ \add باشقا كىيىلىدىغان\add* تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئىشلەنگەنىدى؛ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز ئىشلەندى. \f □ \fr 39:23 \ft \+bd «ساۋۇت»\+bd* ــ جەڭچىنىڭ ئالاھىدە كىيىمى.\f* \v 24 ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئېسىپ قويدى. \v 25 ئۇلار ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، قوڭغۇراقلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە، ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويدى؛ ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇلدى. \v 26 \add كاھىنلىق\add* خىزمىتىگە ئائىت \add قوڭغۇراقلار\add* توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلدى؛ بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار قىلىپ بېكىتىلدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \m \v 27 ئۇلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن خالتا كۆڭلەكلەرنى تىكتى؛ \x + \xo 39:27 \xt مىس. 28‏:39\x* \v 28 سەللىنى ئاق كاناپ رەختتە ياسىدى، شۇنداقلا چىرايلىق ئېگىز بۆكلەرنى ئاق كاناپ رەختتە، تامباللارنى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ \v 29 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەلۋاغنىمۇ كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ كەشتىلەنگەن، نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \m \v 30 ئۇلار يەنە نەپىس تاختاينى، يەنى مۇقەددەس ئوتۇغاتنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويۇپ پۈتتى؛ \x + \xo 39:30 \xt مىس. 28‏:36؛ 29‏:6\x* \v 31 ئۇلار ئوتۇغاتقا كۆك رەڭلىك يىپنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇغاتنى سەللىگە تاقىدى، بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.\x + \xo 39:31 \xt مىس. 28‏:37\x* \b \m \s1 مۇسانىڭ ياسالغان سەرەمجانلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى \m \v 32 شۇ تەرىقىدە جامائەتنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى؛ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بويىچە قىلدى؛ شۇ تەرىقىدە ھەممىسىنى پۈتتۈردى. \v 33 ئۇلار چېدىرنى مۇسانىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ــ چېدىر يوپۇقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، ئىلمەكلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرى بىلەن تەگلىكلىرىنى، \x + \xo 39:33 \xt مىس. 35‏:11\x* \v 34 شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق بىلەن دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى، «ئايرىما پەردە»نى، \v 35 ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، \v 36 شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، شۇنداقلا «تەقدىم نانلار»نى، \x + \xo 39:36 \xt مىس. 31‏:8\x* \v 37 ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ چىراغلىرىنى، يەنى ئۈستىگە تىزىلغان چىراغلارنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى ھەم چىراغ مېيىنى، \v 38 ئالتۇن خۇشبۇيگاھ، مەسىھلەش مېيى، دورا-دەرمەكلەردىن ياسالغان خۇشبۇينى، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى، \f □ \fr 39:38 \ft \+bd «ئالتۇن خۇشبۇيگاھ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالتۇن قۇربانگاھ».\f* \v 39 مىس قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، ئۇنىڭ بالداقلىرى بىلەن ھەممە ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى، \v 40 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى بىلەن ھويلىنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرىنى، مۇقەددەس چېدىرنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىغا ئائىت خىزمەتكە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋابلارنى، \v 41 مۇقەددەس جايغا ئائىت خىزمەت ئۈچۈن تىكىلگەن كاھىنلىق كىيىمىنى، يەنى ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى بولسا، ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى.\x + \xo 39:41 \xt مىس. 31‏:10\x* \m \v 42 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بارلىق بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئەنە شۇنداق ئادا قىلغانىدى. \v 43 مۇسا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قارىدى، مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەنىدى؛ بۇيرۇلغاندەك، دەل شۇنداق قىلغانىدى؛ مۇسا بۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. \b \b \m \c 40 \s1 ئىبادەت چېدىرىنىڭ تىكلىنىشى \m \v 1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ \m \v 2 بىرىنچى ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن جامائەت چېدىرىنىڭ مۇقەددەسخانىسىنى تىكلىگىن. \f □ \fr 40:2 \ft \+bd «مۇقەددەسخانىسى»\+bd* ــ دېمەك، چېدىرنىڭ ئۆزى، يەنى «مۇقەددەس جاي» بىلەن «ئەڭ مۇقەددەس جاي».\f* \v 3 ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى پەردە ئارقىلىق ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ قويغىن؛ \v 4 شىرەنى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىگە تىزىلىدىغان نەرسىلەرنى تىزغىن؛ ئاندىن چىراغداننى ئەكىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن. \f □ \fr 40:4 \ft \+bd «چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن»\+bd* ــ ياكى «چىراغلارنى يېقىپ قويغىن».\f*  \x + \xo 40:4 \xt مىس. 26‏:35؛ 27‏:20\x* \v 5 ئالتۇن \add بىلەن قاپلانغان\add* خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەپ قويغىن؛ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن.\f □ \fr 40:5 \ft \+bd «خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھ»\+bd* ــ خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 40:5 \xt مىس. 26‏:36\x* \m \v 6 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى مۇقەددەسخانىنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن؛ \v 7 ئاندىن يۇيۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ توشتۇرۇپ قويغىن.\fig ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى|src="tabscheme-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 7:40" \fig* \m \v 8 ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردىلەرنى بېكىتىپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئاسقىن؛ \x + \xo 40:8 \xt مىس. 27‏:16\x* \v 9 ئاندىن «مەسىھلەش مېيى»نى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مەسىھلەپ، ئۇنى ۋە بارلىق ھەممە ئەسۋابلىرىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنداق قىلىپ \add پۈتكۈل چېدىر\add* مۇقەددەس بولىدۇ. \v 10 سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى \add خۇداغا ئاتاپ\add* مۇقەددەس قىلغىن؛ بۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا بولىدۇ.\x + \xo 40:10 \xt مىس. 29‏:37\x* \m \v 11 سەن يەنە يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. \v 12 ئاندىن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ \v 13 ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلەپ، \add ماڭا ئايرىپ\add* مۇقەددەس قىلغىن. \m \v 14 ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ، \v 15 ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي كاھىنلىقنىڭ \add بەلگىسى\add* بولىدۇ.\f □ \fr 40:15 \ft \+bd « ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن»\+bd* ــ بۇ ئىشنىڭ، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى مەسىھلەپ كاھىنلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىنىڭ تەپسىلاتلىرى «لاۋ.» 8-بابتا خاتىرىلەنگەن.\f* \m \v 16 مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى. \m \v 17 شۇنداق بولدىكى، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى. \f □ \fr 40:17 \ft \+bd «ئىككىنچى يىلى»\+bd* ــ دېمەك، مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى.\f*  \x + \xo 40:17 \xt چۆل. 7‏:1\x* \m \v 18 مۇسا چېدىرنى تىكىپ، تەگلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى بېكىتىپ، خادىلىرىنى تىكلىدى. \v 19 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىگە \add ئىچكى\add* يوپۇقنى ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى يوپۇقنى يېپىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \m \v 20 ئاندىن ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ئېلىپ، ئۇنى ساندۇق ئىچىگە قويدى؛ بالداقلارنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ \add ھالقىلىرىدىن\add* ئۆتكۈزۈپ، «كافارەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى.\f □ \fr 40:20 \ft \+bd ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»\+bd* ــ خۇدا مۇساغا تاپشۇرغان «ئون پەرز» ياكى «ئون ئەمر» پۈتۈلگەن ئىككى تاش تاختاينى كۆرسىتىدۇ (18:31نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 21 ئەھدە ساندۇقىنى مۇقەددەس چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا «ئايرىما پەردە»نى تارتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى پەردە ئارقىلىق توسۇپ قويدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.\x + \xo 40:21 \xt مىس. 35‏:12\x* \m \v 22 ئۇ شىرەنى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، \add «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى\add* پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى. \v 23 «تەقدىم نانلار»نى شىرەنىڭ ئۈستىگە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \x + \xo 40:23 \xt مىس. 25‏:30\x* \v 24 ئاندىن ئۇ چىراغداننى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى، \v 25 چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \m \v 26 ئاندىن ئۇ \add خۇشبۇينى كۆيدۈرگۈچى\add* ئالتۇن قۇربانگاھنى ئىچىدىكى پەردىنىڭ ئالدىغا تىكلىدى؛ \f □ \fr 40:26 \ft \+bd «خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى ئالتۇن قۇربانگاھ»\+bd* ــ خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 27 ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇينى كۆيدۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \m \v 28 ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتتى. \v 29 ئاندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى جامائەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئۆتكۈزدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.\f □ \fr 40:29 \ft \+bd «\+bd*\+bdit كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ\+bdit* قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى» ــ ھەربىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بىر ئاشلىق ھەدىيە قوشۇپ سۇنۇلۇشى كېرەك (مەسىلەن، «چۆل.» 28-29بابلارنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 30 يۇيۇنۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى داسقا توشقۇزۇپ قۇيدى. \m \v 31‏-32 مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاچانلا جامائەت چېدىرىغا كىرسە ياكى قۇربانگاھقا يېقىن بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قوللىرىنى شۇ سۇدا يۇياتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. \m \v 33 ئاندىن ئۇ چېدىر ھەم قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىغا ھويلا پەردىسىنى تىكلەپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتتى. شۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتكۈل ئىشنى تاماملىدى. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى قاپلىشى \m \v 34 شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرىنى قاپلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى. \x + \xo 40:34 \xt چۆل. 9‏:15؛ 1پاد. 8‏:10\x* \v 35 بۇلۇت سايە چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن، مۇسا جامائەت چېدىرىغا كىرەلمىدى. \m \v 36 قاچانكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىناتتى. ھەربىر قېتىم سەپەردە شۇنداق بولاتتى. \v 37 بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە ئۇلار قوزغالماي، تاكى كۆتۈرۈلىدىغان كۈنگىچە سەپەرگە چىقمايتتى. \v 38 چۈنكى كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى مۇقەددەس چېدىر ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆرۈنەتتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان سەپەرلىرىدە شۇلار كۆرۈنەتتى.\x + \xo 40:38 \xt مىس. 13‏:21؛ چۆل. 14‏:14؛ قان. 1‏:33؛ نەھ. 9‏:19؛ زەب. 78‏:14؛ 105‏:39؛ 1كور. 10‏:1\x*