\id EST \h ئەستەر \toc1 ئەستەر \toc2 ئەستەر \toc3 ئەست. \mt1 ئەستەر \c 1 \s1 پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالارغا كاتتا زىياپەت بېرىشى \m \v 1 ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئاھاشۋېروش»\+bd* ــ پارس ئىمپېراتورى بولغان مۇشۇ «ئاھاشۋېروش» «كسەركسىس I»نىڭ ئۆزى شۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-464-يىللار). ئىسپات باركى، «ئاھاشۋېروش» (پارس تىلىدا «ئاھاشۋېروش»، گرېك تىلىدا «كسەركسىس» دېيىلىدۇ) دېگەن سۆز كىشىنىڭ ئىسمى بولماستىن، بەلكى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئومۇمىي بىر ئۇنۋانى ئىدى. \+bd «ھەبەشستان»\+bd* ــ ھازىرقى ئېفىئوپىيە.\f* \m \v 2 شۇ كۈنلەردە، ئۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، \f □ \fr 1:2 \ft \+bd «شۇشان»\+bd* ــ گاھى ۋاقىتلاردا «سۇزا» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \v 3 ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. \f □ \fr 1:3 \ft \+bd «مېدىئانىڭ قوشۇنى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى «مېدىئانىڭ قوشۇن سەردارلىرى» دەپ چۈشىنىدۇ.\f* \v 4 ئۇ سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى كۆپ كۈنلەر، يەنى بىر يۈز سەكسەن كۈن كۆرگەزمە قىلدى. \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئۇ ... زىياپەت بەردى... ...سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى... كۆرگەزمە قىلدى»\+bd* ــ بەزى تارىخشۇناسلار شۇ كاتتا زىياپەتنىڭ مەقسىتى پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ جاۋان (گرېتسىيە)گە تاجاۋۇز قىلىشىنى پىلانلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى، دەپ قارايدۇ.\f* \v 5 بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە شۇشان قەلئەسىدىكى بارلىق خەلققە چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوردىنىڭ چاربېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. \v 6 ئۇ يەر ئاق ۋە كۆك كەندىر يىپتىن توقۇلغان پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش ھالقىلارغا ئاق رەڭلىك كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يۇڭلۇق شوينىلار بىلەن ئېسىلغانىدى؛ ئاق قاشتاش ۋە ئاق مەرمەر تاشلار، سەدەپ ۋە قارا مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان مەيدان ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان دىۋانلار قويۇلغانىدى. \f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئاق قاشتاش»\+bd* ــ ياكى «قىزىل مەرمەر».\f* \v 7 ئىچىملىكلەر ئالتۇن جاملاردا تۇتۇپ ئىچىلەتتى؛ جاملار بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ شاھانە مەي-شارابلار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىگە يارىشا مول ئىدى. \v 8 شاراب ئىچىش قائىدىسى بويىچە، زورلاشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى؛ چۈنكى پادىشاھ ئوردىدىكى بارلىق غوجىدارلارغا، ھەركىمنىڭ ئىچىشى ئۆز خاھىشى بويىچە بولسۇن، دەپ بېكىتىپ بەرگەنىدى. \m \v 9 خانىش ۋاشتىمۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن زىياپەت بەردى. \b \m \s1 خانىش ۋاشتىنىڭ يارلىققا قارشىلىق كۆرسىتىشى \m \v 10 يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «يەتتە ھەرەمئاغىسى»\+bd* ــ ھەرەمئاغىلىرى ئوردىدىكى نۇرغۇن ئىشلاردا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خىزمەتچىلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار ئوردا توقاللىرىنى باشقۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار پىچىۋېتىلگەن ئەرلەر بولۇپ، قىزلارغا چېقىلمايتتى ۋە پەرزەنتمۇ قالدۇرالمايتتى.\f* \v 11 خانىش ۋاشتىنىڭ پۇقرالار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ، ئۇنى خانىشلىق تاجىنى كىيىپ كېلىشكە چارقىرغىلى ئەۋەتتى؛ چۈنكى ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. \v 12 لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ كېلىشنى رەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرى ئۆرلىدى. \b \m \s1 ۋاشتىنىڭ خانىشلىقتىن قالدۇرۇلۇشى \m \v 13 شۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق قانۇن-ئەھكاملارنى پىششىق بىلگەنلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى؛ شۇڭا پادىشاھ ۋەزىيەتنى پىششىق چۈشىنىدىغان دانىشمەنلەردىن سورىدى \v 14 (ئۇ چاغدا دانىشمەنلەردىن ئۇنىڭ يېنىدا كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسېنا، مەمۇكان قاتارلىق يەتتە پارس بىلەن مېدىئانىڭ ئەمىرلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى، پادىشاھلىقتا ئۇلار ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى). \f □ \fr 1:14 \ft \+bd «دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دائىم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ تۇراتتى».\f* \v 15 پادىشاھ ئۇلاردىن: ــ خانىش ۋاشتى مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرەمئاغىلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 16 مەمۇكان پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىپ: ــ خانىش ۋاشتى ئالىيلىرىنىڭ زىتىغا تېگىپلا قالماي، بەلكى پادىشاھىمىز ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭمۇ زىتىغا تەگدى. \v 17 چۈنكى خانىشنىڭ شۇ قىلغىنى بارلىق ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، ئۇلار «پادىشاھ ئاھاشۋېروش: «خانىشى ۋاشتىنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئەمر قىلسا، ئۇ كەلمەپتۇ!» دەپ ئۆز ئەرلىرىنى مەنسىتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. \v 18 پارس ۋە مېدىئادىكى مەلىكە-خانىملار خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنلا پادىشاھنىڭ بارلىق بەگ-ئەمىرلىرىگە شۇنىڭغا ئوخشاش دەيدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «...خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «....خاپالىق كۇپايە بولىدۇ» ياكى «...خاپالىق يېتەرلىك بولىدۇ!».\f* \v 19 پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىدىن مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرۈلسۇن، شۇنىڭدەك ئۇ پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى، ۋاشتى ئىككىنچى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەي؛ ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشى بىرسىگە بېرىلگەي. \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى...»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، پارس-مېدىئا ئىمپېرىيەسىنىڭ بارلىق قانۇنلىرى چىقىرىلغاندىن كېيىن قەتئىي ئۆزگەرتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.\f* \v 20 ئالىيلىرىنىڭ جاكارلىغان يارلىقى پۈتۈن سەلتەنىتىگە يېتىپ ئاڭلانغان ھامان (ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى بىپايان بولسىمۇ)، ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېرىگە، مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. \m \v 21 مەمۇكاننىڭ بۇ گېپى پادىشاھ بىلەن ئەمىرلىرىنى خۇش قىلدى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆردى. \v 22 ئۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە، ھەربىر ئۆلگىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلى بىلەن خەتلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە خوجايىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» دېگەن ئەمرنى چۈشۈردى. \f □ \fr 1:22 \ft \+bd «ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەقسىتى بەلكىم ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە قايسى تىلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ھوقۇقى بار دەپ تەكىتلەش ئۈچۈن بولسا كېرەك.\f* \b \b \m \c 2 \s1 يېڭى خانىش تاللاش \m \v 1 بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ غەزىپى بېسىلغاندا، ئۇ ۋاشتىنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان يارلىقى ھەققىدە ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى. \f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆزلەردىن بىرخىل پۇشايماننىڭ پۇرىقى چىقىدۇ.\f* \v 2 شۇ سەۋەبتىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان غوجىدارلار ئۇنىڭغا: ــ ئالىيلىرى ئۈچۈن ساھىبجامال ياش قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلتۈرگەيلا؛ \v 3 ئالىيلىرى پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بارلىق گۈزەل قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈشكە ئەمەلدارلارنى تەيىنگەيلا؛ قىزلار ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاي؛ ئۇلارغا كېرەكلىك ئۇپا-ئەڭلىكلەر تەمىنلەنگەي. \v 4 ئالىيلىرىنى سۆيۈندۈرگەن قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خانىش بولسۇن، دېدى. \m بۇ گەپ پادىشاھنى خۇش قىلدى ۋە ئۇ شۇنداق قىلدى. \b \m \s1 ئەستەرنىڭ ئوردىغا كىرگۈزۈلۈشى \m \v 5 شۇشان قەلئەسىدە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بار ئىدى \v 6 (كىش بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ بىلەن بىر توپ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمدىن ئەكەتكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنىدى). \x + \xo 2:6 \xt 2پاد. 24‏:14\x* \v 7 موردىكاي ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ھاداسساھنى (يەنى ئەستەر) بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. بۇ قىز گۈزەل، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئىدى؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. \v 8 پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. \v 9 ئەستەر ھېگايغا ياققان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئۇپا-ئەڭلىك ۋە تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى تەمىنلىدى ھەم ئوردىدىن ئۇنىڭغا تاللانغان يەتتە كېنىزەكنى بەردى؛ ئاندىن ئۇنى كېنىزەكلىرى بىلەن ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ئېسىل جايىدىن ئورۇن بەردى. \v 10 ئەستەر ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىغانىدى. \v 11 موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. \v 12 قىزلارغا ئائىت رەسمىيەت بويىچە، ھەربىر قىزنىڭ ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ ئاھاشۋېروش بىلەن بىللە بولۇش نۆۋىتىدىن ئاۋۋال، ئون ئىككى ئاي بەدىنىنى تازىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى قىزلارنىڭ «تازىلىنىش كۈنلىرى» مۇنداق يول بىلەن ئادا قىلىناتتى: ــ ئالتە ئاي مۇرمەككى مېيى بىلەن، ئالتە ئاي ئەتىر-ئەڭلىك ۋە شۇنداقلا قىزلارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. \v 13 قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان چاغدا مۇنداق قائىدە بار ئىدى: ــ ئوردىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا، شۇلار ھەرەمسارايدىن ئۇنىڭغا بېرىلەتتى. \v 14 قىز ئاخشىمى كىرىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتىپ چىققاندا ھەرەمساراينىڭ «ئىككىنچى بۆلۈم»ىگە قايتۇرۇلۇپ، توقال-كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى شائاشغازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى؛ پادىشاھ ئۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمىغۇچە، ئۇ ئىككىنچى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن بىللە بولمايتتى. \v 15 موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخائىلنىڭ قىزى ئەستەر، يەنى موردىكاي ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغان قىزنىڭ پادىشاھ بىلەن بىللە بولۇشقا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۆزىگە تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. \b \m \s1 ئەستەرنىڭ خانىش قىلىپ تىكلىنىشى \m \v 16 پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى . \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيى»\+bd* ــ «ئەستەر» دېگەن كىتابتا ئايلار ئەگەر سان بويىچە ئېلىنغان بولسا، ئىبرانىي كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئايلار ئىسمى بىلەن ئېلىنغان بولسا، پارس كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇشبۇ ئايەتتىكى ۋاقىت تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 478-يىلنىڭ ئون ئىككىنچى ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.\f* \v 17 پادىشاھ ئەستەرنى باشقا بارلىق قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا ئەستەر ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ھەم ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، پادىشاھ خانىش تاجىنى ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ تىكلىدى. \v 18 ئاندىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بەردى؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى ھەمدە شاھانە بايلىقلىرىدىن سېخىيلىق بىلەن ئىنئاملارنى بەردى.\f □ \fr 2:18 \ft \+bd «باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى»\+bd* ــ ياكى «دەم ئېلىش بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى». ئىبرانىي تىلىدا ««بىر «ئازاد» جاكارلىدى».\f* \b \m \s1 موردىكاينىڭ سۇيىقەستنى پاش قىلىشى \m \v 19 ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىتتا موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار بولغانىدى \f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىت»\+bd* ــ بۇ «يىغىلىش» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. بەزى ئالىملار پادىشاھ ئەستەرنى خانىش دەپ تىكلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر توقالنى ئالماقچى ئىدى، دەپ قارايدۇ. «موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار ئىدى» دېگەن سۆزلەر موردىكاينىڭ مەنسەپدار بولۇپ تىكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى شۇ كۈنلەردە مەلۇم جاينىڭ ئەمەلدارلىرى ياكى ئاقساقاللىرى، شۇنداقلا سوراقچىلار ئىش بېجىرىش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىسىدا ياكى ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى.\f* \v 20 (ئەستەر موردىكاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى يەنىلا باشقىلارغا ئېيتمىغانىدى؛ چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ گېپىنى ئىلگىرى باققان ۋاقتىدا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتى). \v 21 ئۇ كۈنلەردە، موردىكاي ئوردا دەرۋازىسىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، پادىشاھنىڭ بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ھەرەمئاغىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىشنى قەستلەۋاتقانىدى. \v 22 بۇ سۇيىقەستنى موردىكاي سېزىپ قېلىپ، ئۇنى خانىش ئەستەرگە ئېيتتى؛ ئەستەر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا سۆزلەپ بەردى. \v 23 بۇ ئىش سۈرۈشتە قىلىنىۋىدى، راست بولۇپ چىقتى ۋە ئۇ ئىككىسى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا تارىخ-تەزكىرە كىتابىدا پۈتۈلدى. \b \b \m \c 3 \s1 ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستى \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى. \v 2 پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى. \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «...موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى»\+bd* ــ موردىكاينىڭ تەزىم قىلماسلىقى ياكى باش ئۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم تەۋراتتىكى «قان.» 17:25-19دىكى خاتىرە تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك. ھامان ئامالەك ئىدى، ئامالەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ كونا رەقىبى ئىدى. ھامان ئەسلىدە سامۇئىل پەيغەمبەر ئۆلتۈرگەن ئامالەك بولغان ئاگاگ پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، بەلكىم يەھۇدىي خەلقىگە تېخىمۇ ئۆچ بولۇشى مۇمكىن («مىس.» 8:17-16، «1سام.» 17:15-23، «قان.» 17:25-19نى كۆرۈڭ). \fp مەلۇم بىر كىشىگە تەزىم قىلىش تەۋراتقا خىلاپ ئىش ئەمەس. تەۋرات دەۋرىدە ئىسرائىللار ئۆز پادىشاھلىرىغا شۇنداق تەزىم قىلاتتى ياكى گاھى ۋاقىتلاردا بىر-بىرىگە تەزىم قىلاتتى. «يار.» 7:23، «1سام.» 8:24، «2سام.» 4:14، «1پاد.» 16:1نى كۆرۈڭ. ئۇ «بۇتپەرەسلىك» ھېسابلانمايتتى.\f* \v 3 ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى. \v 4 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. \f □ \fr 3:4 \ft \+bd «موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ؟»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «موردىكاينىڭ ئىشلىرى تۇرالامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ؟» دېيىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قېنى موردىكاي گېپىدە ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالامدىكىن، بىر كۆرەيلىچۇ؟».\f* \v 5 ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. \v 6 لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى. \b \m \s1 ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىشنى قەستلىشى \m \v 7 پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا \add قۇتلۇق\add* ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. \f □ \fr 3:7 \ft \+bd ««پۇر»، يەنى چەك ... ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى»\+bd* ــ چەكنىڭ ئون ئىككىنچى ئايغا چىقىشى ئىنتايىن ئاجايىب ئىش ئىدى. بىز شۇ ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 8 ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ. \v 9 ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «ئون مىڭ تالانت»\+bd* ــ بىر «تالانت»نىڭ توپتوغرا قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىر بىزگە نامەلۇم، پارس ئىمپېرىيەسى بويىچە بەلكىم 43-45 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا 10000 تالانت كۈمۈش بەلكىم ئاز دېگەندە 340 توننىچە بولاتتى؛ بۇ پەۋقۇلئاددە كۆپ پۇل پادىشاھنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا باراۋەر بولۇپ، پارا ھېسابلىناتتى؛ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ پارا بەلكىم يەھۇدىي خەلقى يوقىتىلسا، ئۇلار تاپشۇرىدىغان باجلارنىڭ ئورنىغا بولسۇن دەپ بېرىلگەن؛ لېكىن ئۇ يەھۇدىيلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ھامان «خەلق»نىڭ يەھۇدىي خەلقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمىدى؛ چۈنكى بۇرۇنقى پارس ئىمپېراتورلىرى يەھۇدىي خەلقىگە چوڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى.\f* \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ: \v 11 ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى بۇ سېنىڭ پۇلۇڭ بولغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلاي».\f* \b \m \s1 پادىشاھنىڭ ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىشى \m \v 12 ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى. \v 13 يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى. \v 14 شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. \v 15 چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە دەرھال يولغا چىقتى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ چاغدا پادىشاھ ھامان بىلەن شاراب ئىچىشكە ئولتۇرغانىدى. لېكىن شۇشان شەھىرىدىكىلەر دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ كېتىشتى. \b \b \m \c 4 \s1 يەھۇدىيلارنىڭ يارلىق تۈپەيلىدىن قايغۇغا چۆمۈشى ۋە روزا تۇتۇشى \m \v 1 موردىكاي بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېگىنلىرىنى يىرتىپ، ئۈستىگە بۆز ئارتىپ، ۋە ئۇستى-بېشىغا كۈل چېچىپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ ناھايىتى قاتتىق ۋە ئەلەملىك پەرياد كۆتۈردى. \v 2 ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى؛ چۈنكى بوز يېپىنغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت يوق ئىدى. \v 3 پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى. \b \m \s1 موردىكاينىڭ ئەستەردىن پادىشاھتىن رەھىم تىلىشىنى تەلەپ قىلىشى \m \v 4 ئەستەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان دېدەكلىرى ۋە ھەرەمئاغىلىرى بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدى، خانىشنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ موردىكاينىڭ بوزنى تاشلاپ، كىيىۋېلىشىغا كىيىم-كېچەك چىقارتىپ بەردى، لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئەستەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا پادىشاھ تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاتاق ئىسىملىك بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنى موردىكاينىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى، نېمە سەۋەبتىن بولۇۋاتقانلىقىنى تىڭ-تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. \v 6 شۇنىڭ بىلەن ھاتاق ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. \v 7 موردىكاي بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشنى، ھامان يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان كۈمۈشنىڭ سانىنى قالدۇرماي ئېيتىپ بەردى. \v 8 موردىكاي يەنە ھاتاققا شۇشاندا جاكارلانغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى يارلىقنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەستەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەستەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن پادىشاھتىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ بېقىشقا ئۈندەشنى تاپىلىدى. \v 9 ھاتاق قايتىپ كېلىپ موردىكاينىڭ گەپلىرىنى ئەستەرگە يەتكۈزدى. \v 10 ئەستەر ھاتاققا موردىكايغا ئېيتىدىغان گەپلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى موردىكاينىڭ يېنىغا يەنە ئەۋەتتى: ــ \m \v 11 «پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە خەلقلىرى، مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، چاقىرتىلماي تۇرۇپ ئىچكى ھويلىغا، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆز مەيلىچە كىرسە، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئالتۇن ھاسىسىنى تەڭلەپ ئۆلۈمدىم كەچۈرۈم قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بېشىغا چۈشىدىغان بىرلا قانۇن-بەلگىلىمە باردۇر: ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتىدۇ. ھازىر مېنىڭ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلمىغىنىمغا ئوتتۇز كۈن بولدى». \m \v 12 ئەستەرنىڭ سۆزلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلۈۋىدى، \v 13 موردىكاي مۇنۇ گەپلەرنى ئەستەرگە يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى: ــ \m «سەن كۆڭلۈڭدە مەن ئوردىدا ياشاۋاتىمەن، شۇڭا بارلىق باشقا يەھۇدىيلاردىن بىخەتەر بولۇپ قۇتۇلىمەن، دەپ خىيال ئەيلىمە. \v 14 ئەگەر بۇ چاغدا سەن جىم تۇرۇۋالساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن مەدەت ۋە نىجات چىقىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن. كىم بىلسۇن، سېنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇنداق پەيت ئۈچۈن بولغانمۇ؟».\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «... سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن»\+bd* ــ ئەگەر خۇدا يەھۇدىيلارنى باشقا يول بىلەن قۇتقۇزسا، ئەستەرنىڭ ئەھۋالى بەرىبىر ناھايىتى خەتەرلىك بولاتتى. چۈنكى شۇ چاغقىچە ئوردىدىكىلەردىن خېلى كۆپ ئادەملەر ئۇنىڭ موردىكايغا تۇغقان ۋە شۇنداقلا يەھۇدىي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 15 ئەستەر موردىكايغا مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى: ــ \v 16 «سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!». \m \v 17 شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئۇ يەردىن كېتىپ، ئەستەرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. \b \b \m \c 5 \s1 ئەستەرنىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ پادىشاھ بىلەن ھاماننى مېھمان قىلىشى \m \v 1 ئۈچىنچى كۈنى ئەستەر شاھانە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردى؛ پادىشاھ بولسا ئۆز شاھانە ئۆيىدىكى تەختىدە، ئۆيدىن دەرۋازىغا قاراپ ئولتۇراتتى. \v 2 پادىشاھ خانىش ئەستەرنىڭ ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆردى؛ خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ، ئۇ قولىدىكى ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئەستەر ئالدىغا كېلىپ شاھانە ھاسىنىڭ ئۇچىغا قولىنى تەگكۈزدى. \v 3 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى خانىشىم ئەستەر، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇ ساڭا بېرىلىدۇ، دېدى. \m \v 4 ــ ئەگەر ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمنىڭ ھاماننى ئېلىپ ئۆزلىرىگە تەييارلىغان زىياپىتىمگە داخىل بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى ئەستەر. \m \v 5 پادىشاھ: ــ تېز بېرىپ ھاماننى قىچقىرىپ كېلىڭلار، ئەستەرنىڭ دېگىنىدەك قىلىنسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھاماننى ئېلىپ ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە باردى. \v 6 داستىخان ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا پادىشاھ ئەستەرگە: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ؛ نېمە ئىلتىجايىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. \v 7 ئەستەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مېنىڭ تەلىپىم ۋە ئىلتىجايىم بولسا، ــ \v 8 مۇبادا مەن ئالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، شۇنداقلا پادىشاھىمغا مېنىڭ تەلىمنى ئىجابەت قىلىش ھەم ئىلتىجايىمنى ئورۇنداش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىنىڭ ھاماننى بىرگە ئېلىپ ئەتە سىلەرگە تەييارلايدىغان زىياپىتىمگە يەنە بىر قېتىم داخىل بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن؛ ئەتە مەن چوقۇم پادىشاھىمنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىمەن، ــ دېدى. \b \m \s1 ھاماننىڭ دار تەييارلىشى \m \v 9 شۇ كۈنى ھامان كۆڭلىدە يايراپ، خۇشال-خۇرام قايتىپ چىقتى؛ لېكىن موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئۇنىڭ ئالدىدا نە ئورنىدىن قوپماي نە مىدىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، كۆڭلى ئۇنىڭغا قاتتىق قەھر-غەزەپكە تولدى. \v 10 لېكىن ھامان غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە كەلدى-دە، دوست-ئاغىنىلىرىنى ۋە خوتۇنى زەرەشنى چاقىرتىپ، \v 11 ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ شان-شەرىپى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۆستۈرۈپ بارلىق ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەر قىلغانلىقى، ئۆزىنى قانداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ كەتتى. \m \v 12 ھامان يەنە: ــ سىلەرگە دېسەم، خانىش ئەستەر مېنىڭدىن باشقا مېھمان چىللىماي، پەقەت پادىشاھ بىلەن ئىككىمىزنىلا ئۆزى تەييارلىغان زىياپەتكە چىللىغانىدى، ئەتىمۇ مېنى پادىشاھ بىلەن بىللە ئۆزى \add تەييارلەيدىغان زىياپەتكە\add* چىللىدى. \v 13 شۇغىنىسى، ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان ھېلىقى موردىكاي دېگەن يەھۇدىينى كۆرگىنىمدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ، دېدى. \m \v 14 ئاندىن ئايالى زەرەش ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەللىك گەز ئېگىزلىكتىكى داردىن بىرنى تەييارلاپ، ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلسىلا بولمىدىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇشال يايرىغان ھالدا پادىشاھ بىلەن بىللە زىياپەتكە بارىدىلا، دېيىشتى. بۇ گەپ ھاماننى خۇش قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دار ياسىتىپ قويدى. \b \b \m \c 6 \s1 پادىشاھنىڭ موردىكاينىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭغا ھەق بەرمىگەنلىكىنى بىلىشى \m \v 1 شۇ كۈنى كېچىسى پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، تارىخ-تەزكىرىنامىنى ئەكەلدۈردى ۋە بۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى. \v 2 بىر يەردە: «پادىشاھنىڭ بىگتانا، تەرەش دەيدىغان ئوردا دەرۋازىسىنى باقىدىغان ئىككى ھەرەمئاغىسى بار ئىدى، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا قول سېلىشقا قەستلىگەندە، موردىكاي بۇ ئىشنى پاش قىلىپ خەۋەر يەتكۈزگەن، دەپ پۈتۈلگەنىدى. \m \v 3 پادىشاھ: ــ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكايغا قانداق نام-شۆھرەت ۋە ئىززەت-ئىكرام نائىل قىلىندى؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ئۇ ھېچ نېمىگە ئېرىشمىدى، ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتى پادىشاھنىڭ يېنىدىكى خىزمەتتە بولغان غۇلاملىرى. \m \v 4 ــ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان پادىشاھتىن موردىكاينى ئۆزى تەييارلاپ قويغان دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغىلى كېلىپ، ئوردىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىغا كىرگەنىدى. \f □ \fr 6:4 \ft \+bd «ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟»\+bd* ــ ياكى «ئوردا ھويلىسىغا كىرگەن ئاشۇ كىشى كىم؟».\f* \m \v 5 ــ مانا، ھامان ھويلىدا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا. \m ــ كىرسۇن، ــ دېدى پادىشاھ. \v 6 ھامان كىرىۋىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ھامان كۆڭلىدە: «پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشى مېنىڭدىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟» ــ دەپ ئويلىدى-دە \v 7 پادىشاھقا: \m ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە \v 8 پادىشاھىم دائىم كىيىدىغان شاھانە كىيىم-كېچەك ۋە دائىم مىنىدىغان ئارغىماق، يەنى بېشىغا شاھانە تاج-بەلگە تاقالغان ئارغىماق ئېلىپ كېلىنىپ، \v 9 شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى پادىشاھنىڭ ئەڭ مۇھتەرەم ئەمىرلىرىدىن بىرىگە تۇتقۇزسۇن، ئۇ كىيىمنى پادىشاھىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كىيگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭسۇن، ــ دېدى. \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامانغا: ــ تېز بېرىپ دېگىنىڭدەك شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەپكەل، ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ يەھۇدىي موردىكايغا دەل سۆزۈڭدەك قىلغىن؛ سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن! ــ دېدى. \m \v 11 شۇنداق قىلىپ ھامان شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەكېلىپ، ئالدى بىلەن موردىكايغا شاھانە كىيىمنى كىيگۈزدى، ئاندىن ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: ــ «مانا، پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭدى. \v 12 موردىكاي يەنىلا ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى؛ ھامان بولسا غەم-قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى چۈمكىگەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. \f □ \fr 6:12 \ft \+bd «ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 13 ھامان خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرىگە بېشىغا كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى بىلەن خوتۇنى زەرەش بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ موردىكاينىڭ ئالدىدا يېڭىلىشقا باشلاپتىلا؛ ئۇ ئەگەر يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىدىن بولسا، ئۇنى يېڭەلمەيلا، ئەكسىچە سۆزسىز ئۇنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولىدىلا، دېيىشتى. \v 14 ئۇلار تېخى ھامان بىلەن سۆزلىشىۋاتقان چېغىدا، پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ ھاماننى ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە بېرىشقا ئالدىراتتى. \b \b \m \c 7 \s1 ئەستەرنىڭ پادىشاھقا ھاماننىڭ يامان غەرىزىنى ئېيتىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىلەن ھامان خانىش ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشقا كەلدى. \f □ \fr 7:1 \ft \+bd «...ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشقا كەلدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە ئىچىشكە كەلدى».\f* \v 2 پادىشاھ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپەت ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا ئەستەردىن: ــ ئى خانىش ئەستەر، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا ئىجابەت قىلىنىدۇ. نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى ئىلتىماس قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، ــ دېدى. \m \v 3 ــ ئەگەر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئى ئالىيلىرى، ۋە پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، مېنىڭ ئىلتىماسىم ئۆز جېنىمنى ئايىغايلا، شۇنىڭدەك مېنىڭ تەلىپىم ئۆز خەلقىمنى ساقلىغايلا؛ \v 4 چۈنكى بىز، يەنى مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم بىرگە يوقىتىلىپ، قىرىلىپ، نەسلىمىزدىن قۇرۇتۇلۇشقا سېتىۋېتىلدۇق. ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى، ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئەستەر.\f □ \fr 7:4 \ft \+bd «ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، مەن سۈكۈت قالاتتىم؛ چۈنكى بىز تارتىدىغان كۈلپەتنىڭ پادىشاھنى ئاۋارە قىلغۇچىلىكى يوق ئىدى». \fp «دۈشمەن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ تۆلەپ بېرەلمەيتتى» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم بىرىنچىدىن، يەھۇدىيلار قۇل-دېدەك قىلىنسا باج تۆلىمەيتتى؛ ئىككىنچىدىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «كىم سەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى قارغىغان بولسا مەن ئۇنى قارغايمەن، سەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كىم بەرىكەتلىگەن بولسا مەن ئۇنى بېرىكەتلەيمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى («يار.» 2:12-3). كىم يەھۇدىي خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلسا، خۇدانىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \m \v 5 پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەردىن: ــ بۇنداق قىلىشقا پېتىنغان كىشى كىم ئىكەن؟ ئۇ قەيەردە؟! ــ دەپ سورىدى. ئەستەر جاۋابەن: ــ \m \v 6 بۇ دۈشمەن ۋە زەھەرخەندە مانا مۇشۇ رەزىل ھامان! ــ دېۋىدى، ھامان پادىشاھ بىلەن خانىش ئالدىدا شۇ زاماتلا دەككە-دۈككىگە چۈشتى. \b \m \s1 ھاماننىڭ ئۆزى تەييارلىغان دارغا ئېسىلىشى \m \v 7 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قەھرى-غەزەپكە كېلىپ زىياپەت-شاراب ئۈستىدىن تۇردى-دە، چارىباغقا چىقىپ كەتتى؛ ھامان بولسا خانىش ئەستەردىن جېنىنى تىلەشكە قالدى؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە جازا بەرمەي قويمايدىغان نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. \v 8 پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ \m ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى. \f □ \fr 7:8 \ft \+bd «باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى»\+bd* ــ بەلكىم ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلار پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك.\f* \v 9 پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى: ــ يەنە بىر ئىش بار، مانا، ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن گەپ قىلغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن، ئەللىك گەز ئىگىزلىكتە ياساتقان دار تەييار تۇرىدۇ، ئۇ دار ھازىر مۇشۇ ھاماننىڭ ھويلىسىدا، دېۋىدى، پادىشاھ: ــ ھاماننى ئۇنىڭغا ئېسىڭلار! ــ دېدى. \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. \b \b \m \c 8 \s1 موردىكاينىڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئۆستۈرۈلۈشى \m \v 1 پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇ كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئىلتىپات قىلىپ خانىش ئەستەرگە بەردى؛ موردىكايمۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى، چۈنكى ئەستەر ئۆزىنىڭ موردىكاي بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى پادىشاھقا دەپ بەرگەنىدى. \v 2 پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاماندىن قايتۇرۇۋالغان ئۈزۈكىنى چىقىرىپ موردىكايغا بەردى، ئەستەرمۇ موردىكاينى ھاماننىڭ ئۆي-جايىنى باشقۇرۇشقا قويدى. \b \m \s1 ئەستەرنىڭ پادىشاھتىن ھاماننىڭ سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشنى تىلىشى \m \v 3 ئەستەر يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا يىقىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا پادىشاھتىن ئاگاگىيلاردىن بولغان ھامان كەلتۈرۈپ چىققان بالايىئاپەتنى ھەم ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشنى يېلىنىپ ئۆتۈندى. \v 4 پادىشاھ ئالتۇن ھاسىسىنى ئەستەرگە تەڭلىۋىدى، ئەستەر ئورنىدىن قوپۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. \m \v 5 ــ ئەگەر ئالىيلىرى ماقۇل كۆرسە، ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئەگەر پادىشاھىم بۇ ئىشنى توغرا دەپ قارىسا، شۇنىڭدەك مەندىن مەمنۇن بولسا، يارلىق چۈشۈرۈپ ئاگاگىيلاردىن ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يازغان مەكتۇپلارنى، يەنى پادىشاھىمنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى مەكتۇپلارنى بىكار قىلىدىغان بىر يارلىق يېزىلىشىنى تىلەيمەن. \f □ \fr 8:5 \ft \+bd «شۇنىڭدەك مەندىن مەمنۇن بولسا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى مەمنۇن قىلغۇدەك بولسام...».\f* \v 6 چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە چۈشىدىغان بۇ بالايىئاپەتكە قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ يوقىتىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ــ دېدى ئەستەر پادىشاھقا. \m \v 7 پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا: ــ مانا، ھامان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئەستەرگە بەردىم ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇلار دارغا ئاستى. \f □ \fr 8:7 \ft \+bd «يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاچقا،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھۇدىيلارغا قولىنى ئۇزارتماقچى بولغاچقا،...».\f* \v 8 ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ توغرا تاپقىنى بويىچە مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر يارلىق يېزىپ، مېنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرۈمنى بېسىڭلار؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلغان، پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بېسىلغان يارلىقنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، دېدى.\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «... چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلغان، پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بېسىلغان يارلىقنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ»\+bd* ــ بۇ پارس ئىمپېرىيەسىدىكى ئاساس قانۇن ئىدى. دەل شۇ سەۋەبتىن ئەسلىدىكى يارلىقنىڭ ئۆزىنى بىۋاسىتە بىكار قىلىشقا بولمايتتى. بۇنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى كۆرسىتىلگەن ئىككىنچى بىر يارلىق يېزىلىشى كېرەك بولاتتى.\f* \m \v 9 شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى. \f □ \fr 8:9 \ft \+bd «ھەبەشستان»\+bd* ــ ھازىرقى ئېفىئوپىيە.\f* \v 10 موردىكاي يارلىقنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرىنى باستى؛ يارلىق مەكتۇپلىرىنى پادىشاھلىقنىڭ ئاتلىقلىرى بىلەن، يەنى تولپارلارغا، ئات قېچىرلارغا ۋە تۆگىلەرگە مىنگەن چەۋەندازلار ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا يوللىدى. \f □ \fr 8:10 \ft \+bd «ئات قېچىرلارغا ۋە تۆگىلەرگە...»\+bd* ــ ياكى «ئالاھىدە بېقىپ كېلىنىۋاتقان ئاتلارغا...». بۇ ئايەتتىكى ئۇلاغلارنىڭ خىللىرىنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \v 11 يارلىقتا: «پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ھاياتىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ھەر مىللەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى كۈچلەرنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى قويماي يوقىتىشىغا، قىرىشىغا، نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا، شۇنداقلا مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلدى؛ \v 12 بۇ ئىش بىر كۈندە، يەنى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەنىدى. \m \v 13 يارلىق ھەرقايسى ئۆلكىگە ئەۋەتىلىپ، پەرمان سۈپىتىدە ئېلان قىلىنسۇن، يەھۇدىيلارنىڭ ئەشۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىپ قويۇشى ئۈچۈن يارلىقنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇلسۇن، دەپ بېكىتىلدى. \v 14 شۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلار تولپارلارغا ۋە قېچىرلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي يولغا ئاتلاندى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدىمۇ جاكارلاندى. \m \v 15 موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، بېشىغا كاتتا ئالتۇن تاجنى تاقاپ، سۆسۈن رەڭ كەندىر يېپىنچىنى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى؛ شۇشان شەھەردىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشتى. \v 16 يەھۇدىيلار يورۇقلۇق، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ئىكرامغا مۇيەسسەر بولدى. \v 17 ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەرلەردە، پادىشاھنىڭ ئەمر-يارلىقى يېتىپ بارغانلىكى يەرلەردە، يەھۇدىيلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، زىياپەت قىلىپ مۇبارەك بىر كۈننى ئۆتكۈزۈشتى؛ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دېيىشىۋالدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلاردىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئۇلارنى بېسىۋالغانىدى.\f □ \fr 8:17 \ft \+bd «ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دېيىشىۋالدى»\+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرى يەھۇدىي بولۇشتى».\f* \b \b \m \c 9 \s1 يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى \m \v 1 ئون ئىككىنچى ئاي، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن يارلىقى ئىجرا قىلىنىشقا ئاز قالغان چاغدا، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد قىلىپ كۈتكەن كۈنى، ئەكسىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ كەتتى. \v 2 يەھۇدىيلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە ئۇلارغا قەست قىلماقچى بولغانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقا باشلىدى؛ ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرالمايتتى؛ ئۇلاردىن بولغان قورقۇنچ ھەربىر ئەل-مىللەتنى باسقانىدى. \v 3 ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى بەگلەر، ۋالىيلار، ئۆلكە باشلىقلىرى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنى قوللىدى؛ چۈنكى موردىكايدىن بولغان قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. \v 4 چۈنكى موردىكاي دېگەن كىشى ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، نام-شۆھرىتى ھەممە ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى؛ ئۇنىڭ ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. \v 5 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى قىلىچلاپ، قىرغىن قىلىپ يوقاتتى؛ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلارغا قانداق قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلدى. \v 6 شۇشان قەلئەسىدىلا يەھۇدىيلار بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقاتتى. \v 7 ئۇلار يەنە پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، \v 8 پوراتا، ئادالىيا، ئارىداتا، \v 9 پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايىزاتانى قەتل قىلدى؛ \v 10 بۇ ئون ئادەم ھاممىداتانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاماننىڭ ئوغلى ئىدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. \v 11 شۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە قەتل قىلىنغان ئادەم سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. \v 12 پادىشاھ خانىش ئەستەرگە: ــ يەھۇدىيلار شۇشان قەلئەسىدە بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقىتىپتۇ، يەنە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى قەتل قىپتۇ؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە نېمە قىلدىكىن؟ ئەمدى نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇمۇ بەجا ئەيلىنىدۇ، ــ دېدى. \m \v 13 ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى يارلىقتا دېيىلگەندەك ئىش قىلىشىغا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ \add جەسەتلىرىنى\add* دارغا ئېسىپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيلا، دېدى ئەستەر. \m \v 14 پادىشاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغاندا، كىشىلەر ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى دارغا ئېسىپ قويۇشتى. \v 15 ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى شۇشاندىكى يەھۇدىيلار يەنە يىغىلىپ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. \m \v 16 پادىشاھنىڭ ھەرقايسى باشقا ئۆلكىلىرىدىكى قالغان يەھۇدىيلار يىغىلىپ ئۆز جانلىرىنى ساقلاشقا سەپتە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلاردىن جەمئىي يەتمىش بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا مۇيەسسەر بولدى. \v 17 بۇ ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنىدىكى ئىش ئىدى؛ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. \m \v 18 لېكىن شۇشاندىكى يەھۇدىيلار بولسا ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى توپلىشىپ جەڭ قىلدى؛ ئون بەشىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. \v 19 شۇ سەۋەبتىن سەھرادىكى يەھۇدىيلار، يەنى يېزا-قىشلاقلاردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان مۇبارەك كۈن بېكىتىپ، بىر-بىرىگە سوۋغا-سالام بېرىشىدىغان بولدى. \m \v 20 موردىكاي بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ ھەمدە ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ يىراق-يېقىن جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلارغا مەكتۇپلارنى يوللىدى. \v 21 شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەريىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆت، ئون بەشىنچى كۈنىنى بايرام قىلىپ ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ بېكىتتى؛ \v 22 ئۇ بۇ ئىككى كۈننى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا ئېرىشكەن كۈنى سۈپىتىدە، شۇ ئاينى ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى شادلىققا، يىغا-زارلىرى مۇبارەك كۈنگە ئايلانغان ئاي سۈپىتىدە ئەسلەپ، بۇ ئىككى كۈننى زىياپەت قىلىپ شادلىنىدىغان، كۆپچىلىك بىر-بىرىگە سالام-سوۋغا بېرىدىغان، كەمبەغەللەرگە خەير-ئېھسان قىلىدىغان كۈن قىلىشقا بۇيرۇدى. \v 23 شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار دەسلەپ باشلىغان شۇ \add ھېيتنى\add* داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە شۇنىڭدەك موردىكاينىڭ ئۇلارغا يازغانلىرىنىمۇ ئورۇنلايدىغانغا ۋەدە بېرىشتى. \v 24 چۈنكى ئەسلىدە بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى ھالاك قىلىشنى قەستلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى نەسلىدىن قۇرۇتۇپ يوقاتماقچى بولۇپ «پۇر»، يەنى چەك تاشلىغانىدى. \v 25 لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ مەكتۇپلارنى يېزىپ، ھامان قەستلىگەن رەزىل ئىش، يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى قەست قىلغان ئىشى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا يانسۇن، دەپ يارلىق چۈشۈردى؛ ھەم كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى دارغا ئاستى.\f □ \fr 9:25 \ft \+bd «لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «لېكىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە» دېيىلىدۇ. شۇڭا بەزى تەرجىمىلەردە: «لېكىن ئۇ (ئەستەر) پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەندە،...» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 9:25 \xt ئەست. 8‏:8\x* \b \m \s1 «پۇرىم» بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى \m \v 26 شۇڭلاشقا، كىشىلەر «پۇر» (چەك) دېگەن ئىسىم بويىچە بۇ ئىككى كۈننى «پۇرىم بايرىمى» دەپ ئاتىدى؛ شۇڭا يەھۇدىيلار ئەشۇ خەتتە پۈتۈلگەنلىرى بويىچە، ھەم كۆرگەن، ھەم باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن، \f □ \fr 9:26 \ft \+bd «پۇرىم»\+bd* ــ «چەك تاشلاش» دېگەن مەنىسى.\f* \v 27 ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ھەمدە ئۆزلىرى بىلەن بىرلەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ پۈتۈلگەن ئەھكامنى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەشۇ ئىككى كۈننى ھەر يىلى مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي بايرام قىلىشىنى قارار قىلدى، \v 28 شۇنداقلا بۇ ئىككى كۈن ھەربىر دەۋردە، ھەربىر جەمەت-ئائىلىدە، ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەردە خاتىرىلىنىپ تەبرىكلنىپ تۇرسۇن ۋە «پۇرىم بايرىمى» بولىدىغان مۇشۇ كۈنلەرنىڭ تەبرىكلىنىشى يەھۇدىي خەلقى ئىچىدە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-نەسلى ئارىسىدىنمۇ يوقاپ كەتمىسۇن، دەپ قارار قىلدى. \m \v 29 ئاندىن ئابىخائىلنىڭ قىزى، خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكاي يەھۇدىيلارغا يازغان «پۇرىم بايرىمى» توغرىسىدىكى شۇ ئىككىنچى خەتنى تولۇق ھوقۇقى بىلەن تەكىتلەپ، يەنە بىر خەتنى يوللىدى. \v 30 موردىكاي خاتىرجەملىك ۋە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىدىغان مەكتۇپلارنى ئاھاشۋېروشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارغا ئەۋەتىپ، \v 31 شۇ «پۇرىم» كۈنلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، شۇنىڭدەك يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستەرنىڭ تاپىلىغانلىرى بويىچە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە نەسلىگە بېكىتكەنلىرى بويىچە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇتۇلغان روزىلار ۋە كۆتۈرۈلگەن نىدا-پەريادلار ئەسلەپ خاتىرىلەنسۇن، دەپ تەكىتلىدى. \f □ \fr 9:31 \ft \+bd «... ئەينى ۋاتىتتىكى تۇتۇلغان روزىلار ۋە كۆتۈرۈلگەن نىدا-پەريادلار ئەسلەپ خاتىرىلەنسۇن»\+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... خەلقلەر خۇددى ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋە قارىلىق تۇتۇش ۋاقتىنى بەلگىلەشنى قارار قىلغاندەك». لېكىن بىزنىڭچە بۇ سۆزلەر چوقۇم ئەستەر ۋە شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ روزا تۇتۇپ پۈتكۈل خەلقى ئۈچۈن كۆتۈرگەن نىدا-پەريادلىرىنى ئەسلەشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 32 ئەستەرنىڭ يارلىقى «پۇرىم بايرىمى»دىكى شۇ ئىشلارنى بېكىتىپ بەردى؛ بۇ ئىش تارىخنامىغىمۇ پۈتۈلدى. \b \b \m \c 10 \s1 موردىكاينىڭ شۆھرىتى ۋە ئۇتۇقى \m \v 1 پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى. \v 2 ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ \v 3 چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى.