\id EPH \h ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا \toc1 ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا \toc2 ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا \toc3 ئ‍ەف. \mt1 ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ \m \v 1 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلارغا سالام!\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلار...»\+bd* ــ «مۇقەددەس بەندىلەر»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بولسۇنكى، مۇقەددەس كىتابتا «مۇقەددەس» دېگەن سۆز ھەردائىم «خۇداغا خاس»، «خۇداغا تولۇق ئاتالغان»، «پاك-مۇقەددەس» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:1 \xt رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:2؛ 2كور. 1‏:1. \x* \v 2 ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\x + \xo 1:2 \xt گال. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 3 بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي!\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر»\+bd* ــ ياكى «ئەرشتىكى يەرلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر». \+bd «بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى...»\+bd* ــ خۇدانىڭ نەزىرىدە، ئىشەنگۈچىلەر روھىي جەھەتتىن ئاللىقاچان «مەسىھ بىلەن ئەرشلەردە ئولتۇرغان»دۇر. 20-ئايەتنى كۆرۈڭ. \fp «مۇبارەك بولغاي» مۇشۇ يەردە «مەدھىيىلەنسۇن» ياكى «ئەڭ بەختلىك بولغاي» دېگەن مەنىدە. \fp گرېك تىلىدا 3-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.\f*  \x + \xo 1:3 \xt 2كور. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:3. \x* \v 4 چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «...ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى...»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» 5-ئايەتكە باغلىق. 5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:4 \xt لۇقا 1‏:75؛ يـۇھ. 15‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:27؛ كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 2‏:12. \x* \v 5 ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى..»\+bd* ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە 4-ئايەتتتىكى «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» بۇ 5-ئايەتكە باغلانغان. دېمەك، 5-4-ئايەت: «چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ ئۇ مۇھەببەت بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛» دېيىلىدۇ.\f* \v 6 بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى»\+bd* ــ «ئۆز سۆيگىنى» ــ ئوغلى ئەيسا مەسىھتۇر.\f*  \x + \xo 1:6 \xt مات. 3‏:17. \x* \v 7 بىز ئۇنىڭدا \add ئاتىنىڭ\add* مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق...»\+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھتە. \+bd «قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىش»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە قۇلنى ھۆر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ شاپائەتچى پۇل بېرىپ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ ئەركىن قىلىدۇ. روسۇل ئېيتقان بۇ قۇللۇق، گۇناھنىڭ ۋە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىگە ئەسىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىلدىكى «ھۆر قىلىش» («ئاپولۇتروسىس») تەۋراتتىكى «ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزۇش» («گوئەل») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.\f*  \x + \xo 1:7 \xt روس. 20‏:28؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18. \x* \v 8 ئۇ \add بۇ مېھىر-شەپقەتنى\add* بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى، \v 9‏-10 ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛ \f □ \fr 1:9‏-10 \ft \+bd « ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە»\+bd* ــ ياكى «ئۇ مەسىھتە بېكىتكەن ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە...». گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇنىڭدا پۈككەن...» ياكى «ئۆزىدە پۈككەن...» دېيىلىدۇ. \+bd «... بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ، ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى»\+bd* ــ «... بارلىخ مەۋجۇداتلارغا... مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا پەقەت ئۈچ سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى: \fp (1) پۈتكۈل كائىناتقا مەسىھ باش بولىدۇ؛ \fp (2) پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇدات مەسىھتە «يىغىپ بىر قىلىنىپ»، ھەربىر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى كۆرسىتىلىدۇ؛ \fp (3) مەسىھنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بىر-بىرى بىلەن ئىناق بولۇپ، بىر-بىرىگە تولۇق ماسلىشىدىغان بولىدۇ.\f*  \x + \xo 1:9‏-10 \xt رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20؛ يار. 49‏:10؛ دان. 9‏:24؛ گال. 4‏:4. \x* \v 11 ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛ \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان»\+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ «مەسىھتە». \+bd « بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان»\+bd* ــ ياكى «بىز بىر مىراسقا ئىگە بولغان». \+bd «بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچى»\+bd* ــ خۇدا.\f*  \x + \xo 1:11 \xt رىم. 8‏:17. \x* \v 12 شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛ \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق»\+bd* ــ «مەسىھنى ئاۋۋال تايانچى قىلغان بىزلەر» بەلكىم مەسىھكە بىرىنچى بولۇپ ئەگەشكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم يەھۇدىي ئەمەسلەر، ئۇلار كېيىن ئىشەنگەن.\f* \v 13 ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «... ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار»\+bd* ــ «مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلىنىش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:13 \xt رىم. 8‏:15؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 4‏:30. \x* \v 14 خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ.\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ»\+bd* ــ «كاپالەت» توغرۇلۇق: بۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ \fp (1) خۇدانىڭ نىجاتىدا، ئۇ ئادەمنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ «ھۆر قىلىدۇ»؛ ئۇ قۇتقۇزغان ئادەم ياكى جامائەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ «ئىگىلىكى»دۇر. \fp «ئىگىلىكى» ــ خۇدانىڭ ئىگىلىكى بولغان بىزلەر ــ روھ، جان، تېنىمىزنىڭ ھەممىسىدۇر. \fp (2) بۇ «ھۆر قىلىش» بۇ دۇنيادا تېخى «ئۈزۈل-كېسىل» بولمايدۇ؛ نىجاتقا ئېرىشكەن كىشىلەردە «يېڭى روھ»، «يېڭى قەلب» بولغىنى بىلەن «يېڭى تەن» تېخى بولمايدۇ؛ تىرىلىش كۈنىدە «يېڭى تەن» «تولۇق ھۆر قىلىنىش» ياكى «ئۈزۈل-كېسىل ھۆر قىلىنىش» بولىدۇ. بۇ «تولۇق ھۆر قىلىنىش» ئىشەنگەنلەرنىڭ «تولۇق مىراسى» بولىدۇ. \fp (3) شۇ كۈنىدە خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى تولىمۇ نامايان قىلىنىدۇ؛ \fp (4) شۇ كۈنگىچە، يەنى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ «تولۇق مىراس»نى ئىگىلىۋېلىشىغۇچە، مۇقەددەس روھ ھەربىر ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ مىراسىنى تېتىتىپ، ۋۇجۇدىدا مىراسنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. \fp يەنە كېلىپ مۇقەددەس روھنىڭ ئىشەنگۈچىنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ مىراسقا چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىدۇر. گرېك تىلىدا «كاپالەت»نىڭ يەنە بىر مەنىسى «ۋەدە ئۈزۈكى» (يىگىتنىڭ قىزغا بولغان ۋەدىسىگە كاپالەت سۈپىتىدە بېرىلگەن).\f*  \x + \xo 1:14 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ رىم. 8‏:23؛ 1پېت. 2‏:9. \x* \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا 15-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.\f*  \x + \xo 1:15 \xt فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2؛ 2تېـس. 1‏:3. \x* \v 16 دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛ \v 17 تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، \f □ \fr 1:17 \ft \+bd «شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شان-شەرەپنىڭ ئاتىسى» ــ پاۋلۇس شۇ سۆز بىلەن: «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزى «خۇدانىڭ شان-شەرىپىدۇر»» دەپ كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك. \+bd «سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي»\+bd* ــ «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلىش»: قايسى روھ كۆرسىتىلىدۇ؟ كۆزقارىشىمىزچە ئۇ «مۇقەددەس روھ» ئەمەس؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارغا مۇقەددەس روھنى ئاللىقاچان ئاتا قىلغان (13-14). بىزنىڭچە، ئېتىقاچىلارنىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ. روسۇل ئۇلاردا «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھ» بولسۇن، دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئالايلۇق، مەن بىرسى ئۈچۈن «خۇدا سىزگە سالامەت بىر تەن ئاتا قىلغاي» دەپ تىلىسەم، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاللىقاچان تېنى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن تېلىكىم ئۇنىڭدا ساغلام تەن بولسۇن ئۈچۈندۇر. دېمەك، پاۋلۇسنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ مەنىسى: «خۇدا ھەربىرىنىڭ روھىنى «دانالىق ھەم ۋەھىي قوبۇل قىلغۇدەك بىر روھ» قىلسۇن، دېگەنلىكتۇر.\f* \v 18 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكى..»\+bd* ــ باشقا بىرجىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ شەرەپلىك مىراسى..». لېكىن بىزنىڭچە «ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىد»، «مىراسى» ۋە 19-ئايەتتىكى «ھېسابسىز كۈچى»نىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى خۇداغا تەۋەدۇر، شۇڭا «مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان مىراسى»نى «خۇدانىڭ ئۆز مىراسى» دەپ قارايمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 19 ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛ \x + \xo 1:19 \xt كول. 2‏:12. \x* \v 20 دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگىنىدە دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ ۋە ئۇنى ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىدا ئولتۇرغۇزۇپ،...».\f*  \x + \xo 1:20 \xt زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:3؛ 10‏:12؛ 1پېت. 3‏:22. \x* \v 21 پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ \f □ \fr 1:21 \ft \+bd «پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ... بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپ...»\+bd* ــ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقىنى مەيلى ياخشىنىڭ بولسۇن، ئەسكىنىڭ (جىن-شەيتانلارنىڭ) بولسۇن، ھەرقانداق «ھۆكۈمرانلىق، ھوقۇق، كۈچ-قۇدرەت، خوجايىنلىق ۋە ... نام-شەرەپلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.\f* \v 22 بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. \f □ \fr 1:22 \ft \+bd «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان»\+bd* ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىقى شۇكى، مۇشۇ ئايەتلەردە خۇدانىڭ مەسىھنى ھەممە مەۋجۇداتقا باش قىلغانلىقى \+bd جامائەتنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن\+bd* بولغان، دېيىلگەن.\f*  \x + \xo 1:22 \xt زەب. 8‏:6؛ مات. 28‏:18؛ 1كور. 15‏:27؛ ئىبر. 2‏:8. \x* \v 23 جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر.\x + \xo 1:23 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 4‏:16؛ 5‏:23. \x* \b \b \m \c 2 \m \v 1 ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،...»\+bd* ــ ئادەم گۇناھنىڭ ئىلكىدە بولسا روھىي جەھەتتىن بىر «ئۆلۈك»، «ئۆلگەن» بولىدۇ، خالاس.\f*  \x + \xo 2:1 \xt رىم. 5‏:6؛ كول. 2‏:13. \x* \v 2 بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر»\+bd* ــ «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ھەممىمىز ئادەمئاتىمىزنىڭ «ئىتائەتسىز تەبىئىتى»گە مىراسخور بولۇپ تۇغۇلدۇق). لېكىن «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىدۇ (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). \+bd «ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدار»... «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھ»\+bd* ــ شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:2 \xt يـۇھ. 12‏:31؛ 14‏:30؛ 16‏:11؛ 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 6‏:12؛ كول. 3‏:7؛ تىت. 3‏:3. \x* \v 3 بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز ... ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز»\+bd* ــ «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» ئىككى بىسلىق ئىبارە بولۇپ، ھەم «ھەردائىم غەزەپكە تولۇپ يۈرگەن ئادەملەر» ھەمدە «(خۇدانىڭ) غەزەپ كۈنىگە بېكىتىلگەن ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ \v 5 ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،...»\+bd* ــ «مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (جانلاندۇرۇپ)...» دېگەنلىك نېمە بىلدۈرىدۇ؟ مەسىھ ئەيسا ئۆلگەندە، خۇدا ئۇنىڭغا ئېتىقاد باغلىغۇچىلارنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلگەن، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەن دەپ ھېسابلىغان. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «(مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)»\+bd* ــ پاۋلۇس مۇشۇ يەردە ئەفەسۇسلۇقلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ، تۇيۇقسىز 8-ئايەتتىكى «سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار!» دېگەن گەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:5 \xt روس. 15‏:11؛ رىم. 6‏:8؛ 8‏:11؛ كول. 3‏:1، 3؛ تىت. 3‏:5. \x* \v 6 بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛ \v 7 مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ \v 8 چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات،\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار»\+bd* ــ بۇ «قۇتقۇزۇلۇش» ھايات(-مامات)لىقتىكى ئاددىي خەتەرلەردىن ئەمەس، بەلكى خەتەرنىڭ خەتىرى بولغان گۇناھتىن قۇتقۇزۇلۇپ مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت.\f*  \x + \xo 2:8 \xt مات. 16‏:17؛ ئ‍ەف. 1‏:19. \x* \v 9 ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر. \x + \xo 2:9 \xt رىم. 3‏:27؛ 1كور. 1‏:29. \x* \v 10 چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى.\x + \xo 2:10 \xt 2كور. 5‏:17؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 4‏:24؛ تىت. 2‏:14. \x* \m \v 11 شۇڭا سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلارنى، ــ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلارنى، \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلار»\+bd* ــ «ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن» ياكى «ئەتلىك كۆزقاراشچە». \+bd «ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلار»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلار. ئىنجىل بويىچە «ھەقىقىي خەتنە» ئەتتە ئەمەس، روھ-قەلبتە بولۇشى كېرەك. دېمەك، قەلب-روھ بارلىق شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلەر، بۇ دۇنياغا تەۋە بارلىق ئېزىتقۇلۇقتىن «كېسىۋېتىلىپ»، خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا ئەركىن قىلىنىدۇ. مۇنداق «روھىي خەتنە» «ئادەمنىڭ قولى» بىلەن ئەمەس، پەقەت خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بولىدۇ.\f* \v 12 شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «...ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ...»\+bd* ــ «ۋەدىلەر» بولسا خۇدانىڭ ۋەدىلىرى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:12 \xt رىم. 9‏:4. \x* \v 13 لېكىن ئەسلى يىراقلاردا بولغان سىلەر ھازىر مەسىھنىڭ قېنى ئارقىلىق يېقىن قىلىندىڭلار؛ \v 14 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزدۇر، ئۇ ئىككى تەرەپنى بىر قىلىپ ئوتتۇرىدىكى ئارا تامنى چېقىۋەتتى؛ \x + \xo 2:14 \xt يەش. 9‏:5؛ مىك. 5‏:4؛ يـۇھ. 16‏:33؛ روس. 10‏:36؛ رىم. 5‏:1؛ كول. 1‏:20. \x* \v 15 يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى؛ \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى»\+bd* ــ «مەسىھ ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ... قانۇننى... بىكار قىلىپ» ــ يەھۇدىي جامائەت ھەم خۇدانى تونۇماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىڭ دوستلۇقتا بولۇشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ، شۇنىڭدەك ھەتتا ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلغان ئامىل بولسا دەل خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ بەلگىلىمىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز. \fp «يېڭى بىر ئادەم» ــ مەسىھ ۋە جامائەت، يەنى بىر باش بىر تەن بولىدۇ (مەسىھ باش، جامائەت تەن بولىدۇ).\f* \v 16 كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى؛ \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى»\+bd* ــ «بىر تەندە» بولسا ئۆزىنىڭ كرېستكە مىخلانغان تېنى. بۇ تەن ھازىر تىرىلگەندىن كېيىن ئۆزى بىلەن جامائەتتىن تەركىب تاپقان تەن بولدى. «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «جامائەت» توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 17 ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى. \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى»\+bd* ــ «ئۇ (مەسىھ) كېلىپ.. سىلەرگىمۇ...خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى».... مۇشۇ ئىشتا بىز ئەيسا مەسىھنىڭ «ئۆز تېنى بولغان جامائەت» بىلەن بىر بولغانلىقىمىزنى كۆرىمىز. مەسىھ ئەيسا يەھۇدىي خەلقىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلىنىپ، كۆمۈلۈپ، تىرىلگەن؛ ئاندىن ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ قانداقمۇ «سىلەرگە («يىراقلاردا تۇرغانلار»غا، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە) كەلدى»؟ جاۋاب ئىنجىلدىكى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە كۆرۈلىدۇ. ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى، جامائىتىدىكىلىرى باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ئۆزى ئۇلار ئارقىلىق مۇشۇ ئىشنى قىلىدۇ. چۈنكى جامائەت ئۆزىنىڭ تېنىدۇر. مەسىلەن، «روس.» 1:1-2، 4:9-5 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. \fp «يېقىن تۇرغانلار» يەنە يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:17 \xt يەش. 57‏:19؛ ئ‍ەف. 3‏:12. \x* \v 18 چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر. \x + \xo 2:18 \xt يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 3‏:12؛ ئىبر. 10‏:19. \x* \v 19 شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛ \x + \xo 2:19 \xt گال. 6‏:10. \x* \v 20 سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛ \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر»\+bd* ــ ياكى، «سىلەر روسۇللارنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇلىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر». \+bd «سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر»\+bd* ــ «قوشۇمچە سۆز»دىكى «روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر» ئۈستىدىكى مۇزاكىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:20 \xt يەش. 28‏:16؛ مات. 16‏:18؛ 1كور. 3‏:9،10؛ 1پېت. 2‏:4؛ ۋەھ. 21‏:14\x* \v 21 ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا. \f □ \fr 2:21 \ft \+bd «ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا»\+bd* ــ «رەبدە» «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزىدە». 22-ئايەتتە «رەبدە» «ئۇنىڭدا» دەپ ئېلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 2:21 \xt 1كور. 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 4‏:16. \x* \v 22 سىلەرمۇ \add قوشۇلۇپ\add* ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر.\f □ \fr 2:22 \ft \+bd «سىلەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر»\+bd* ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى.\f* \b \b \m \c 3 \m \v 1 شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ \f □ \fr 3:1 \ft \+bd «شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ....»\+bd* ــ «مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇرى» ــ پاۋلۇس بۇ مەكتۇپنى يازغاندا رىمدىكى بىر تۈرمىدە ياتاتتى. شۈبھىسىزكى، رىملىقلار پاۋلۇسنى «بىزنىڭ مەھبۇسىمىز» دەپ ئويلايتتى ــ لېكىن پاۋلۇس ئىشقا باشقىچە قارايتتى. رىملىقلارنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولۇپ، شۇ ئىش بىلەن يات ئەللەردىن بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ پايدا كۆرىدىغانلىقىغا پاۋلۇسنىڭ كۆزى يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس: «سىلەر يات ئەلدىكىلەر ئۈچۈن» ئېيتقاندا، مەن «رىملىقلارنىڭ مەھبۇسى» ئەمەس، بەلكى «مەسىھنىڭ مەھبۇسى»مەن» دەيدۇ. \fp ئەمەلىيەتتە پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى 14-ئايەتتە داۋاملىشىدۇ. 2-13-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى «تىرناق ئىچىگە» ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 3:1 \xt روس. 21‏:33؛ ئ‍ەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:7،13،14،16؛ كول. 4‏:3؛ 2تىم. 1‏:8؛ فلم. 1. \x* \v 2 (سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق،\x + \xo 3:2 \xt روس. 13‏:2؛ رىم. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 3‏:8. \x* \v 3 يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم؛\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم... )»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «مەن يەنە بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم» دېگەن سۆز بولسا ئۇنىڭ مەزكۇر مەكتۇپتىكى 1-باب 9-ئايەتتە «مەسىھنىڭ سىرى» توغرۇلۇق يازغان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە ئۇ ئۇنىڭ ئەفەسۇسلۇقلارغا ئىلگىرى يازغان بىر خېتىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:3 \xt روس. 22‏:17،21؛ 26‏:16،17؛ رىم. 16‏:25؛ گال. 1‏:11،12. \x* \v 4 سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر) \v 5 ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «... روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك...»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ. \+bd «ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس»\+bd* ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن زىلدۇر. ئۇ مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق بۇ سىر ئىلگىرىكى دەۋرلەردە قەتئىي ئايان قىلىنماي قالغان ئەمەس، دەپ پۇرىتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزى بېشارەتلىرىدە ھەم تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن بەزى ۋەقەلەردە بۇ سىر پۇرىتىلىپ غىل-پال كۆرۈنىدۇ.\f*  \x + \xo 3:5 \xt روس. 10‏:28. \x* \v 6 دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق...»\+bd* ــ «خۇش خەۋەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇش كېرەككى، «ئىنجىل» دېگەن سۆز دەل «خۇش خەۋەر» دېگەن مەنىدە. \+bd «دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ»\+bd* ــ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ «ئورتاق مىراسخور» بولغانلىقى «ئىشەنگۈچى ئىسرائىل بىلەن ئورتاق مىراسخور» بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ «تەن» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ تېنى، يەنى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛\x + \xo 3:7 \xt ئ‍ەف. 1‏:19؛ كول. 2‏:12. \x* \v 8 ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇقەددەس كىتابتا دائىم دېيىلگەندەك، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»، «يات ئەللىكلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:8 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11،15. \x* \v 9 ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. \x + \xo 3:9 \xt يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:3؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ كول. 1‏:16، 26؛ 2تىم. 1‏:10؛ تىت. 1‏:2؛ ئىبر. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20. \x* \v 10 بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر»\+bd* ــ «ئەرشلەردە بولغان ھوكۈمرانلار» ھەم ھوقۇقلار بەلكىم ھەم پەرىشتىلەر ۋە يەنە جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ (12:6نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:10 \xt 1پېت. 1‏:12. \x* \v 11 بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا «ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە نىشان قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر».\f* \v 12 ئۇنىڭ ئىشەنچ-سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛ \x + \xo 3:12 \xt يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:18؛ ئىبر. 10‏:19. \x* \v 13 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ).\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ ئۈچ مۇمكىنچىلىكى بار مەنىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:13 \xt فىل. 1‏:14؛ كول. 1‏:24؛ 1تېس. 3‏:3. \x* \m \v 14 مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «شۇ سەۋەبتىن ...»\+bd* ــ 1-ئايەتنىڭ داۋامى. \+bd «مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، ...»\+bd* ــ «ئاتا» خۇدا، ئەلۋەتتە. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا پۈكىمەنكى،...» دېيىلىدۇ.\f* \v 15 ( ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ) \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم شۇكى، خۇدا «ئاتا» بولغاندىن كېيىن، ئاسمان-زېمىننى «ئاتىلىق»، يەنى «ئاتا-بالىلىق» (مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا بولسۇن، ھايۋانلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى ھەتتا ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا بولسۇن) مۇناسىۋەتلەر بىلەن تولدۇرغان. پاۋلۇس، خۇدا ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مۇھەببىتىنى مۇشۇ كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولغان يەردە، مەن ئۇنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق بۈيۈك تىلەكنى تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن تىلەيمەن، دېمەكچى.\f* \v 16 ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛ \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي»\+bd* ــ «ئىچكى دۇنيا» گرېك تىلىدا «ئىچكى ئادەم» ــ بۇ ئىبارە ئادەمنىڭ روھىنى، قەلبىنى، «ئىچكى دۇنيا»سىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:16 \xt ئ‍ەف. 6‏:10. \x* \v 17 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان، \x + \xo 3:17 \xt كول. 2‏:7. \x* \v 18‏-19 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر. \f □ \fr 3:18‏-19 \ft \+bd «بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھەببەتنى تولۇق ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق كەلگەن كۈچ-قۇدرەت تولىمۇ كېرەكتۇر (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 20 ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ \x + \xo 3:20 \xt رىم. 16‏:25. \x* \v 21 ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! \b \b \m \c 4 \m \v 1 ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، \add خۇدانىڭ\add* سىلەرنى چاقىرغان \add بۈيۈك\add* چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن،\x + \xo 4:1 \xt يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12. \x* \v 2 ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ،\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن...»\+bd* ــ ئىنجىلدا «يۇۋاش-مۇلايىملىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار؛ ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچتىن كۈچلۈكلەرگە يول قويىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ يولىدا تالاش-تارتىشلاردىن قول ئۈزۈش، خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى زوراۋانلىقسىز، جېدەلسىز توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمان باغلاشتۇر؛ مۇشۇنداق پوزىتسىيە مۇلايىم، يۇۋاشلىق بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:2 \xt كول. 1‏:11؛ 3‏:12؛ 1تېس. 5‏:14. \x* \v 3 ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى \add ئۆتۈنىمەن\add*.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «... روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن»\+bd* ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ روھىدا، مۇقەددەس روھتا.\f* \v 4 تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، ــ خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ \v 5 رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر،\x + \xo 4:5 \xt قان. 4‏:39؛ مال. 2‏:10؛ 1كور. 8‏:4، 6؛ لۇقا 12‏:50\x* \v 6 ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ھەممىنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر» (ياكى «ھەممىنىڭ ئىچىدىدۇر» ياكى «ھەممىڭلارنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر») دېيىلىدۇ. 4-7-ئايەتلەر كۆرسەتكەن بىرلىكلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە مۇزاكىرە قىلىمىز.\f* \v 7 شۇنداقتىمۇ ھازىر ھەربىرىمىزگە مەسىھنىڭ ئىلتىپاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە شەپقەت تەقدىم قىلىنغاندۇر؛\x + \xo 4:7 \xt رىم. 12‏:6؛ 1كور. 12‏:11؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10. \x* \v 8 شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا \add خۇدا\add* ئېيتقىنىدەك: ــ \m «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، \m \add ئىنسانلارنى\add* تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، \m ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى».\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا ئېيتقىنىدەك: ــ «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى»»\+bd* ــ روسۇل پاۋلۇس بۇ سۆزلىرىدە «زەبۇر»دىكى 18:68نى نەقىل كەلتۈرۈپ تۈپ مەنىنى يەكۈنلىگەن. «يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى» مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئەرشلەرگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەرشتىن ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىپ ھەرخىل ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى ۋە شۇنىڭدەك ھازىرمۇ تەقدىم قىلماقتا. \fp بۇ ئاجايىب بېشارەتنىڭ مەنىسىنى تولۇقراق تونۇش ئۈچۈن بىز «زەب.» 18:68گە قوشقان ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:8 \xt زەب. 68‏:18\x* \m \v 9 ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، \add ئاۋۋال\add* يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 4:9 \ft \+bd «ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، ئاۋۋال يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تېگىگە (گرېك تىلىدا «تەگلىرىگە») چۈشكەن»لىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ «زەب.» 15:139نى كۆرۈڭ. بۇ زەبۇردىكى كۈي بويىچە «يەرنىڭ تەگلىرى» بولسا ئىنساننىڭ تۈپ تەبىئىتى شەكىللەندۈرۈلگەن جاي بولۇپ، مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تەگلىرىگە چۈشۈش»ى بەلكىم دەل ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىڭ تۈپ مەسىلىسىنى، يەنى گۇناھلىق ماھىيىتىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ ئىبارە مەسىھ كرېستكە مىخلىنىشنىڭ چوڭقۇر ئازابلىرىدا بىر تەرەپ قىلغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار، مەسىھنىڭ «چۈشكەنلىكى»، ئۆلۈمدىن كېيىن روھىنىڭ تەھتىساراغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى بار.\f*  \x + \xo 4:9 \xt يـۇھ. 3‏:13؛ 6‏:62؛ زەب. 139‏:15\x* \v 10 چۈشكەن زات بولسا بارلىق ئەرشلەردىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى، ئالەمنىڭ بارلىقىنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ \v 11 شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر. \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئايەتتە ئېيتىلغان سوۋغاتلار (8-ئايەتنى كۆرۈڭ) «روھىي ئىلتىپاتلار» ئەمەس، بەلكى «روھىي ئىلتىپاتلار»غا ئىگە بولغان روھىي ئادەملەردۇر. مەسىھ مۇشۇنداق ئادەملەرنى جامائىتى ۋە دۇنيانى بەرىكەتلەش ئۈچۈن تەيىنلەيدۇ.\f*  \x + \xo 4:11 \xt 1كور. 12‏:28. \x* \v 12 بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت؛ \f □ \fr 4:12 \ft \+bd «مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا ...»\+bd* ــ «جۈملىدىن» ــ ياكى «يەنى» دەپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. \+bd «بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت»\+bd* ــ دېمەك، روسۇللار، پەيغەمبەرلەر، خۇش خەۋەرچىلەر، باققۇچىلار ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر (11-ئايەت)نىڭ ۋەزىپىسى مەسىھنىڭ تېنى بولغان جامائەتنى خۇدانىڭ تولۇق خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بۇ «روھانىي ئادەملەر»لا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئۆز رولى بويىچە ۋەزىپىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكتۇر. \fp «قۇرۇپ چىقىش» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp گرېك تىلىدا «قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە كەلتۈرۈش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 4:12 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. \x* \v 13 ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، ــ يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛ \v 14 شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛ \x + \xo 4:14 \xt مات. 11‏:7؛ 1كور. 14‏:2. \x* \v 15 ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛ \f □ \fr 4:15 \ft \+bd «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ئۇنىڭغا (ياكى «ئۇنىڭ ئىچىگە») ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز». دېمەك، «ئاللىقاچان ئۇنىڭ تېنىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ھالدا ... داۋاملىق ئۆسىدىغان...».\f*  \x + \xo 4:15 \xt ئ‍ەف. 5‏:23؛ كول. 1‏:18. \x* \v 16 ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ...»\+bd* ــ «پۇتكۈل تەن» ــ جامائەتتۇر.\f*  \x + \xo 4:16 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 2‏:21. \x* \m \v 17 شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛ \x + \xo 4:17 \xt رىم. 1‏:9، 18؛ 1پېت. 4‏:3. \x* \v 18 ئۇلار قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن كېلىپ چىققان بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ ھاياتىدىن ئادا-جۇدا قىلىنىپ، چۈشەنچىسى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن، \x + \xo 4:18 \xt 1تېس. 4‏:5. \x* \v 19 ئار-نومۇسنى تاشلىۋېتىپ، نەپسانىيەتچىلىكى ئاۋۇپ ھەرخىل ئىپلاسلىقلارنى يۈرگۈزۈشكە، كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن. \v 20 ئەمما سىلەر بولساڭلار، مەسىھنى شۇنداق يولدا ئۆگىنىپ تونۇغان ئەمەسسىلەر ــ \v 21 (ھەقىقەتنىڭ ئەيسادا بولغىنىدەك، ئۇنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغان، ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بولساڭلار) ــ \v 22 دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، \f □ \fr 4:22 \ft \+bd «ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، ...»\+bd* ــ «كونا ئادەم» توغرۇلۇق «رىم.» 6:6 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:22 \xt كول. 3‏:9؛ ئىبر. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:1. \x* \v 23 ئوي-زېھنىڭلارنىڭ روھىدا يېڭىلىنىپ، \v 24 خۇدانىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، ھەقىقەتتىن چىققان ھەققانىيلىقتا ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە يارىتىلغان «يېڭى ئادەم»نى كىيىۋېلىشىڭلار كېرەكتۇر.\x + \xo 4:24 \xt رىم. 6‏:4؛ كول. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:2. \x* \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز.\x + \xo 4:25 \xt زەك. 8‏:16. \x* \m \v 26 «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»؛ غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن؛ \f □ \fr 4:26 \ft \+bd «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»\+bd* ــ «زەك.» 16:8، «زەب.» 4:4. بۇ ئايەت 25-ئايەتتىكى «ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى» دېگەن سۆز بىلەن باغلىقتۇر. بىر تەرەپتىن ئاچچىقىلىنىشقا تېگىشلىك سەۋەبى بولۇپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئادەمنى گۇناھقا باشلىشىمۇ مۇمكىن، شۇ تەرەپتىنمۇ ھېزى بولۇشى كېرەك. شۇڭا «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار» دېيىلىدۇ. \+bd «غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاچچىقلاشنىڭ سەۋەبى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىۋەرمىسۇن». ئەگەر بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، ئادەم ئۇنىڭغا زادى قانداق ئەمەل قىلىشى كېرەك؟ ــ بىزنىڭچە بۇ تەرجىمە مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس.\f*  \x + \xo 4:26 \xt زەب. 4‏:4\x* \v 27 ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار.\f □ \fr 4:27 \ft \+bd «ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار»\+bd* ــ «ئىبلىس» ــ شەيتان.\f*  \x + \xo 4:27 \xt ياق. 4‏:7؛ 1پېت. 5‏:9. \x* \m \v 28 ئوغرى ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە ئۇ مېھنەت قىلىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ئىش قىلسۇنكى، ھاجىتى بولغانلارغىمۇ بۆلۈپ بەرگۈدەك ئۆز تاپقىنى بولسۇن.\x + \xo 4:28 \xt روس. 20‏:35؛ 1تېس. 4‏:11؛ 2تېـس. 3‏:8،12. \x* \m \v 29 ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار. \x + \xo 4:29 \xt مات. 12‏:36؛ ئ‍ەف. 5‏:3، 4. \x* \v 30 خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛ \f □ \fr 4:30 \ft \+bd «چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر»\+bd* ــ «ھۆر-نىجات كۈنى» ــ 14:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:30 \xt لۇقا 21‏:28؛ رىم. 8‏:16،23؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13،14. \x* \v 31 ئۆزۈڭلاردىن ھەرقانداق ئۆچ-ئاداۋەت، ئاچچىق-غەزەپ، قەھر، جېدەل-ماجىرالار، تىل-ئاھانەت ھەمدە ھەرخىل قارا نىيەتلەرنى نېرى قىلىڭلار؛ \x + \xo 4:31 \xt كول. 3‏:19. \x* \v 32 بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. \f □ \fr 4:32 \ft \+bd «مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار»\+bd* ــ «خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق» مۇشۇ يەردە (بارلىقى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن) «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:32 \xt مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ فىل. 2‏:1؛ كول. 3‏:12،13. \x* \b \b \m \c 5 \s1 (داۋامى) \m \v 1‏-2 شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار.\x + \xo 5:1‏-2 \xt يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 4‏:9؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 3‏:18؛ ئىبر. 8‏:3؛ 9‏:14؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21\x* \v 3 ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛\x + \xo 5:3 \xt مار. 7‏:21؛ ئ‍ەف. 4‏:29؛ كول. 3‏:5. \x* \v 4 شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن. \m \v 5 چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ.\x + \xo 5:5 \xt 1كور. 6‏:10؛ گال. 5‏:19؛ كول. 3‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15. \x* \v 6 ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.\x + \xo 5:6 \xt يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ مار. 13‏:5؛ لۇقا 21‏:8؛ كول. 2‏:4،18؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \m \v 7 شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛ \v 8 چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار\x + \xo 5:8 \xt 1تېس. 5‏:4. \x* \v 9 (چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)، \x + \xo 5:9 \xt گال. 5‏:22. \x* \v 10 نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار. \v 11 قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛ \x + \xo 5:11 \xt مات. 18‏:17؛ 1كور. 5‏:8؛ 10‏:20؛ 2كور. 6‏:14؛ 2تېـس. 3‏:14. \x* \v 12 چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر. \v 13 ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. \x + \xo 5:13 \xt يـۇھ. 3‏:20،21. \x* \v 14 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! \m تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! \m ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ».\f □ \fr 5:14 \ft \+bd «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتىكى بېشارەت ئەمەس، بەلكى تەۋراتتىكى بىرنەچچە بېشارەتلەرنىڭ بىرخىل يەكۈنى ياكى ئىنجىل دەۋرىدىكى نامەلۇم پەيغەمبەرنىڭ كۈي-مەدھىيە سۆزلىرىدىن ئېلىنغان سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 5:14 \xt رىم. 13‏:11؛ 1تېس. 5‏:6. \x* \m \v 15 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛ \x + \xo 5:15 \xt كول. 4‏:5. \x* \v 16 ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر. \f □ \fr 5:16 \ft \+bd «ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مۇشۇ كۈنلەرنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار...».\f*  \x + \xo 5:16 \xt رىم. 13‏:11. \x* \v 17 بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛ \x + \xo 5:17 \xt رىم. 12‏:2؛ 1تېس. 4‏:3. \x* \v 18 ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار..»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.\f*  \x + \xo 5:18 \xt پەند. 23‏:29؛ يەش. 5‏:11،22؛ لۇقا 21‏:34؛ روس.2‏:4 \x* \v 19 بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ \f □ \fr 5:19 \ft \+bd «بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار»\+bd* ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1كور.» 15:14نى ۋە ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 5:19 \xt كول. 3‏:16. \x* \v 20 ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، \x + \xo 5:20 \xt كول. 3‏:17؛ 1تېس. 5‏:18. \x* \v 21 مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار.\f □ \fr 5:21 \ft \+bd «مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار»\+bd* ــ بۇ ئىشلار ۋە قالغان جېكىلەشلەر ئاساسەن ھەممىسى «مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇش»نىڭ نەتىجىسىدۇر. \fp «مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار» ــ «مەسىھتىن ئەيمىنىش» بىرىنچى ئورۇندا بولۇش كېرەك؛ جامائەتتىكى مەلۇم بىر قېرىندىشىغا بويسۇنۇش مەسىھنىڭ ئەمرلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇ چاغدا ئۇ قېرىندىشىغا بويسۇنماسلىق كېرەكتۇر.\f* \m \v 22 سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ \x + \xo 5:22 \xt يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ كول. 3‏:18؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1. \x* \v 23 چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. \f □ \fr 5:23 \ft \+bd «چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر»\+bd* ــ «تەن» مۇشۇ يەردە «جامائەت»نى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن روسۇل پاۋلۇس مۇشۇ يەردە «مەسىھ تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن، ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئايالىنىڭ تېنىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بار، دېگەننى پۇرىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:23 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 11‏:3؛ 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22،23؛ 4‏:12،15؛ كول. 1‏:18،24. \x* \v 24 ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. \m \v 25 ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ \x + \xo 5:25 \xt گال. 1‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ كول. 3‏:19. \x* \v 26 \add مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن\add* شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، \f □ \fr 5:26 \ft \+bd «(مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن) شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ «جامائەتنى» گرېك تىلىدا «ئۇنى». بۇ ئايەتتىكى «ئۇ» جامائەتنى كۆرسەتكەندە، گرېك تىلىدىكى «ئايالچە رود»تا ئىپادىلىنىدۇ. ئايەتتىكى ئوخشىتىش دەل شۇكى، يىگىتنىڭ تويدا ئۆزىگە ياتلىق بولىدىغان سۆيۈملۈك قىزنى ئۆزىگە ھازىر قىلغىنىدەك، مەسىھ جامائەتنى ئۆزىگە ھازىر قىلىدۇ. توي بولسا جەننەتتە بولىدۇ («ۋەھ.» 7:19-9، 9:21-10نى كۆرۈڭ). \+bd «... «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ «داسنىڭ سۈيى» تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا ھەرقېتىم يېقىنلاشقاندا، پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش يولدا خۇداغا يېقىنلاشقىنىمىزدا، بىزدە نالايىق بىرەر ئىشلار بولسا، ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزگە پاكلاندۇرۇش يولىنى (دېمەك، گۇناھنى ئىقرار قىلىپ، توۋا قىلىش، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىپ پاكلاندۇرۇلۇش يولىنى) كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.\f*  \x + \xo 5:26 \xt تىت. 3‏:5؛ 1پېت. 3‏:21. \x* \v 27 شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. \x + \xo 5:27 \xt كول. 1‏:22. \x* \v 28 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. \v 29 چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى \add ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا\add* ئوخشايدۇ. \v 30 چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ \f □ \fr 5:30 \ft \+bd «چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز؛ بىز ئۇنىڭ ئەتلىرىدىن، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدىن بولغانمىز» دېيىلىدۇ («يار.» 23:2نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 5:30 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27. \x* \m \v 31 «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ».\f □ \fr 5:31 \ft \+bd «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ»\+bd* ــ «يار.» 23:2.\f*  \x + \xo 5:31 \xt يار. 2‏:24؛ مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:7؛ 1كور. 6‏:16. \x* \m \v 32 بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. \f □ \fr 5:32 \ft \+bd «بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن»\+bd* ــ ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىپ بىر تەن بولۇشى دەرھەقىقەت چوڭقۇر بىر سىر؛ مەسىھنىڭ جامائەتكە باغلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بىر سىردۇر.\f* \v 33 ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن. \b \b \m \c 6 \m \v 1 بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر.\x + \xo 6:1 \xt كول. 3‏:20. \x* \v 2 «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ \f □ \fr 6:2 \ft \+bd «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە»\+bd* ــ «مىس.» 12:20.\f*  \x + \xo 6:2 \xt مىس. 20‏:12؛ قان. 5‏:16؛ 27‏:16؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10. \x* \m \v 3 «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ \add دەپ ۋەدە قىلىنغان\add*.\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن»\+bd* ــ «مىس.» 12:20، «قان.» 16:5.\f* \m \v 4 سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار.\x + \xo 6:4 \xt قان. 6‏:7،20؛ زەب. 78‏:4؛ پەند. 19‏:8؛ 29‏:17. \x* \m \v 5 سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار»\+bd* ــ ھەممىمىزنىڭ «ئەيمىنىش ۋە تىترەش» پوزىتسىيىسى بىلەن خۇدا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. «ئەيمىنىش ۋە تىترەش» ئىنساننىڭ ئالدىدا ئەمەس، خۇدانىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 6:5 \xt كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1؛ تىت. 2‏:9؛ 1پېت. 2‏:18. \x* \v 6 پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار، \v 7 ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛ \v 8 شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ. \m \v 9 سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر.\x + \xo 6:9 \xt قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ كول. 3‏:25؛ 4‏:1؛ 1پېت. 1‏:17. \x* \b \m \v 10 ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛ \v 11 ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛ \x + \xo 6:11 \xt كول. 3‏:12؛ 1تېس. 5‏:8. \x* \v 12 چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر.\x + \xo 6:12 \xt ئ‍ەف. 2‏:2. \x* \v 13 مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر»\+bd* ــ «رەزىللىك كۈنى» بەلكىم رەزىللىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان كۈن، شەيتاننىڭ كۈچى زور نامايان قىلىنىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ «ھازىرقى زامان»نىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئاخىر بېرىپ «مەسىھنىڭ كۈنى» «رەزىللىك كۈنى»نى تۈگەشتۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 6:13 \xt 2كور. 10‏:4. \x* \v 14‏-15 ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ــ ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. \x + \xo 6:14‏-15 \xt يەش. 59‏:17؛ لۇقا 12‏:35؛ 2كور. 6‏:7؛ 1پېت. 1‏:13. \x* \v 16 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. \f □ \fr 6:16 \ft \+bd «...بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار»\+bd* ــ ياكى «...ھەممىدىن مۇھىمى ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار» ياكى «بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە، ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار».\f* \v 17 ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛ \f □ \fr 6:17 \ft \+bd «خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.\f*  \x + \xo 6:17 \xt يەش. 59‏:17؛ 1تېس. 5‏:8؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 2‏:16. \x* \v 18 ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ \f □ \fr 6:18 \ft \+bd «ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.\f*  \x + \xo 6:18 \xt لۇقا 18‏:1؛ رىم. 12‏:12؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:17. \x* \v 19 مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي. \x + \xo 6:19 \xt روس. 4‏:29؛ 2تېـس. 3‏:1. \x* \v 20 مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، \add خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە\add* دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا \add دۇئا قىلىڭلار\add*.\x + \xo 6:20 \xt 2كور. 5‏:20. \x* \m \v 21 ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. \x + \xo 6:21 \xt روس. 20‏:4؛ كول. 4‏:7؛ تىت. 3‏:12. \x* \v 22 مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر.\x + \xo 6:22 \xt 2تىم. 4‏:12. \x* \m \v 23 قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن بولغاي! \m \v 24 رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي!