\id ECC \h ھېكمەت توپلىغۇچى \toc1 ھېكمەت توپلىغۇچى \toc2 ھېكمەت توپلىغۇچى \toc3 توپ. \mt1 ھېكمەت توپلىغۇچى \c 1 \s1 «ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» \m \v 1 يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ھېكمەت توپلىغۇچى»\+bd* ــ يازغۇچى ئۆزىنىڭ سۇلايمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتا 16-ئايەت، 7:2-ئايەت قاتارلىقلاردا ئىسپاتلىنىدۇ. كىتابنىڭ نامى ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدا «كوھەلەت» دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى: «توپلىغۇچى» «رەتلىگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىز ئۇنى «ھېكمەت توپلىغۇچى» (دېمەك، «ئوي-پىكىرلەرنى رەتلىگۈچى») دەپ تەرجىمە قىلدۇق. بەزىلەر ئۇنى يەنە «تەلىم بەرگۈچى»، «ۋەز ئېيتقۇچى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \m \v 2 «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!»\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى!». بۇ خۇددى «كۈيلەرنىڭ كۈيى» «ئەڭ گۈزەل كۈي» دېيىلگەنگە ئوخشاشتۇر، «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى» بەلكىم «ھاياتلىق ئالەمدە «ئەڭ بىمەنىلىك ئىشتۇر!»» دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 1:2 \xt زەب. 62‏:9؛ 144‏:4\x* \m \v 3 قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «قۇياش ئاستىدا»\+bd* ــ بۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى»دىكى ئاچقۇچلۇق سۆزدۇر. يازغۇچىنىڭ بايانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئاسماندىن (خۇدادىن) كەلگەن ۋەھىي» بىلەن ئەمەس، بەلكى «ئاپتاپ ئاستى» ياكى «قۇياش ئاستى»دىكى كۆزقاراش بىلەن ئېيتىلغان. ئۇ قەستەن شۇنداق كۆز-قاراشنى سۆزلەيدۇ. «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:3 \xt توپ. 2‏:22؛ 3‏:9\x* \m \v 4 بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛ \m بىراق يەر-زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛\x + \xo 1:4 \xt زەب. 104‏:5\x* \m \v 5 كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ \m ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ. \m \v 6 شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛ \m ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛ \m ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ، \m ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ. \m \v 7 بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛ \m دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا، \m ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ.\x + \xo 1:7 \xt ئايۇپ 38‏:8، 9، 10؛ زەب. 104‏:8-10\x* \m \v 8 بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛ \m ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛ \m كۆز كۆرۈشتىن، \m قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ. \m \v 9 بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛ \m قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛ \m قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر.\x + \xo 1:9 \xt توپ. 3‏:15\x* \m \v 10 «مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ \m ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر. \m \v 11 بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ \m ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «... كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ»\+bd* ــ دېمەك، يېڭى دەۋردە «يېڭى» دېيىلگەن بىر ئىش چىققان بولسا، شۇ ئىش ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقى دەۋردلەردە مەۋجۇت بولغان ئىشتۇر. ھازىرقى دەۋردىكىلەر بۇرۇنقى دەۋرلەرنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇغان، بۇ ئىشنى «يېڭى!» دەيدۇ.\f* \b \m \s1 سۇلايماننىڭ تەجرىبىسى \m \v 12 مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛ \v 13 مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ \m خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان! \v 14 مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ \m مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. \m \v 15 ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ \m كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd « ... تولۇق سانىغىلى بولماس»\+bd* ــ دېمەك، تەمىنلىگىلى بولماس.\f* \m \v 16 مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم. \m \v 17 شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم. \v 18 چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ. \b \b \m \c 2 \s1 تاماشىنى تېتىپ بېقىش \m \v 1 مەن كۆڭلۈمدە: «قېنى، مەن ئۆزۈمگە تاماشىنىڭ تەمىنى تېتىغۇزۇپ باقىمەن؛ كۆڭلۈم ئېچىلسۇن!» ــ دېدىم. بىراق مانا، بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «كۆڭلۈم ئېچىلسۇن»\+bd* ــ بۇ ئىبارىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ياخشىمۇ-ياخشى ئەمەسمۇ، كۆرۈپ باقاي».\f*  \x + \xo 2:1 \xt لۇقا 12‏:19\x* \v 2 مەن كۈلكە-چاقچاققا «تەلۋىلىك!» ۋە تاماشىغا «ئۇنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟» ــ دېدىم. \v 3 كۆڭلۈمدە ئۆز بەدىنىمنى شاراب بىلەن قانداق روھلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى (دانالىق بىلەن ئۆزۈمنى يېتەكلىگەن ھالدا) بىلىشكە بېرىلىپ ئىزدەندىم، شۇنىڭدەك «ساناقلىق كۈنلىرىدە ئىنسان بالىلىرىغا ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان نېمە پايدىلىق ئىشلار بار؟» دېگەن تۈگۈننى يەشسەم دەپ ئەخمىقانىلىكنى قانداق تۇتۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى ئىنتىلىپ ئىزدىدىم.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «دانالىق بىلەن ئۆزۈمنى يېتەكلىگەن ھالدا»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: «بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ ھەردائىم ئۆز-ئۆزىگە دىققەت قىلىپ، قىلغان ئىشلارنىڭ راست ئەھمىيىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرەتتى» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. \+bd «ئەخمىقانىلىكنى ... تۇتۇپ يېتىش»\+bd* ــ سۇلايماننىڭ «ئەخمىقانىلىك»نى «تۇتۇپ يېتىش»ى بولسا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئادەمگە «ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان ... پايدىلىق ئىشلار»نى تېپىشقا توسالغۇ بولىدىغان بىرەر سىر بارمۇ-يوقمۇ؟» دېگەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.\f* \m \v 4 مەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارغا كىرىشتىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆيلەرنى سالدىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈزۈمزارلارنى تىكتىم؛ \v 5 ئۆزۈم ئۈچۈن شاھانە باغ-باغچىلارنى ياسىدىم؛ ئۇلاردا ھەرخىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تىكتىم؛ \v 6 ئۆزۈم ئۈچۈن ئورماندىكى باراقسان دەرەخلەرنى ئوبدان سۇغىرىش ئۈچۈن، كۆلچەكلەرنى ياساپ چىقتىم؛ \v 7 قۇللارغا ۋە دېدەكلەرگە ئىگە بولدۇم؛ ئۆيۈمدە ئۇلاردىن تۇغۇلغانلارمۇ مېنىڭكى ئىدى؛ يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ مال-ۋارانلار، قوي ۋە كالا پادىلىرىم بار بولدى. \v 8 ئۆز-ئۆزۈمگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ھەم ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرخىل ئەتىۋارلىق ئالاھىدە گۆھەرلىرىنى يىغدىم؛ قىز-يىگىت ناخشىچىلارغا ھەمدە ئادەم بالىلىرىنىڭ دىلكۆيەرلىرىگە، يەنى كۆپلىگەن گۈزەل كېنىزەكلەرگە ئىگە بولدۇم.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «ئالتۇن-كۈمۈشلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «كۈمۈش-ئالتۇنلەر».\f* \m \v 9 ئۇلۇغ بولدۇم، يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىن زىيادە روناق تاپتىم؛ شۇنداق بولغىنى بىلەن دانالىقىم مەندىن كەتمىدى. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «...شۇنداق بولغىنى بىلەن دانالىقىم مەندىن كەتمىدى»\+bd* ــ 3-ئايەتتە دېيىلىگەندەك، ئۇ يەنىلا بۇ قىلغان ئىشلارنىڭ راست ئەھمىيىتى بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ يۈرەتتى.\f* \v 10 كۆزلىرىمگە نېمە ياققان بولسا، مەن شۇنى ئۇنىڭدىن ئايىمىدىم؛ ئۆز كۆڭلۈمگە ھېچقانداق خۇشاللىقنى ياق دېمىدىم؛ چۈنكى كۆڭلۈم بارلىق ئەجرىمدىن شادلاندى؛ مانا، بۇلار ئۆز ئەجرىمدىن بولغان نېسىۋەم ئىدى. \v 11 ئاندىن ئۆز قولۇم ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە، شۇنداقلا سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ نەتىجىسىگە قارىسام، مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى؛ بۇلار قۇياش ئاستىدىكى ھېچ پايدىسى يوق ئىشلاردۇر. \m \v 12 ئاندىن زېھنىمنى يىغىپ ئۇنى دانالىققا، تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىككە قاراشقا قويدۇم؛ چۈنكى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدىغان ئادەم نېمە قىلالايدۇ؟ ــ قىلسىمۇ ئاللىقاچان قىلىنغان ئىشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس! \x + \xo 2:12 \xt توپ. 1‏:17؛ 7‏:23\x* \v 13 شۇنىڭ بىلەن نۇر قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك، دانالىقنىڭ بىغەرەزلىكتىن ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. \m \v 14 دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، ئەخمەق بولسا قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ؛ بىراق ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «...ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقى»\+bd* ــ بۇ «بىرلا ئىش» ئۆلۈمنى دېمەكچى.\f* \v 15 كۆڭلۈمدە: «ئەخمەقكە بولىدىغان ئىش ماڭىمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمدى مېنىڭ شۇنداق دانا بولۇشۇمنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟!» ــ دېدىم. ئاندىن مەن كۆڭلۈمدە: «بۇ ئىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر!» ــ دېدىم. \v 16 چۈنكى مەڭگۈگە دانا كىشى ئەخمەقكە نىسبەتەن ھېچ ئارتۇق ئەسلەنمەيدۇ؛ چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە ھەممە ئىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمدى دانا كىشى قانداق ئۆلىدۇ؟ ــ ئەخمەق كىشى بىلەن بىللە! \v 17 شۇڭا مەن ھاياتقا ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلەتتى؛ ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى. \v 18 شۇنىڭدەك مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىمگە ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى بۇنى مەندىن كېيىن كەلگەن كىشىگە قالدۇرماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى. \v 19 ئۇنىڭ دانا ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇ بەرىبىر مەن جاپالىق بىلەن سىڭدۈرگەن ھەمدە دانالىق بىلەن ئادا قىلغان قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىم ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. \m \v 20 ئاندىن مەن رايىمدىن ياندىم، كۆڭلۈم قۇياش ئاستىدىكى جاپا تارتقان بارلىق ئەجرىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. \v 21 چۈنكى ئەجرىنى دانالىق، بىلىم ۋە ئەپ بىلەن قىلغان بىر ئادەم بار؛ بىراق ئۇ ئەجرىنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشلىمىگەن باشقا بىرسىنىڭ نېسىۋىسى بولۇشقا قالدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئىنتايىن ئاچچىق كۈلپەتتۇر. \v 22 چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭلىنىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن نېمىگە ئىگە بولىدۇ؟ \x + \xo 2:22 \xt توپ. 1‏:3؛ 3‏:9\x* \v 23 چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرى ئازابلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەجرى غەشلىكتۇر؛ ھەتتا كېچىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. \m \v 24 ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش يوقكى، ئۇ يېيىشى، ئىچىشى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇر ئالدۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر؛ بۇنى خۇدانىڭ قولىدىندۇر، دەپ كۆرۈپ يەتتىم. \x + \xo 2:24 \xt توپ. 3‏:12، 22؛ 5‏:18؛ 8‏:15\x* \v 25 چۈنكى ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟ \f □ \fr 2:25 \ft \+bd «چۈنكى ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى ھۇزۇر ئالالىسۇن؟» ياكى «مېنىڭدىن (سۇلايماندىن) باشقا كىم يېيەلىسۇن، ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟».\f* \v 26 چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.\x + \xo 2:26 \xt ئايۇپ 27‏:16، 17؛ پەند. 28‏:8؛ توپ. 3‏:13\x* \b \b \m \c 3 \s1 ھايات پەسىللىرى \m \v 1 ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ... ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر ئىشلارنىڭ «ئۆز پەسلى» ياكى «ئۆز ۋاقتى» دېگەننىڭ «خۇدا بېكىتكەن ۋاقىت»نى ياكى بولمىسا پەقەت «مۇۋاپىق، توغرا كەلگەن ۋاقىت»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشى كېرەك.\f* \m \v 2 تۇغۇلۇشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار؛ \m تىكىش ۋاقتى بار، تىكىلگەننى سۆكۈش ۋاقتى بار؛ \m \v 3 ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛ \m بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛ \m \v 4 يىغلاش ۋاقتى بار، كۈلۈش ۋاقتى بار؛ \m ماتەم تۇتۇش ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار؛ \m \v 5 تاشلارنى چۆرىۋېتىش ۋاقتى بار، تاشلارنى يىغىپ-توپلاش ۋاقتى بار؛ \m قۇچاقلاش ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىش ۋاقتى بار؛\x + \xo 3:5 \xt 1كور. 7‏:5\x* \m \v 6 ئىزدەش ۋاقتى بار، يوقالدى دەپ ۋاز كېچىش ۋاقتىمۇ بار؛ \m \v 7 يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛ \m سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛ \m \v 8 سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛ \m ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار. \b \m \s1 ئىنسان خۇدا بېكىتكەن ۋاقىت-پەسىللەرنى بىلمەيدۇ \m \v 9 ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟ \x + \xo 3:9 \xt توپ. 1‏:3\x* \v 10 مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن. \v 11 ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن...»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. خۇدا ئىنسانلارغا، كۆڭلىدە ھاياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھمىيىتىنى سېزىشنى ئاتا قىلغان. بىراق ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئىنسانلار بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بېكىتكەن پىلانىنىڭ ۋاقتى-سائەتلىرىنى بىلىپ يەتمەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.\f* \m \v 12 ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم. \v 13 شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر. \m \v 14 خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر. \v 15 ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ.\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ»\+bd* ــ «سورايدۇ» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى باشقا مەنىسى «ئىزدەيدۇ». «ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى: «خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئادەملەردىن ھېساب ئالىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى يەنە بولغۇزىدۇ».\f* \b \m \s1 ئادالەتسىز ئىشلار \m \v 16 مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ! \v 17 مەن كۆڭلۈمدە: «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ-مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم. \m \v 18 مەن كۆڭلۈمدە: ــ بۇنداق بولۇشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ خۇدا ئۇلارنى سىنىماقچى، \add بۇ ئىشلار\add* ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بولغان، دەپ ئويلىدىم. \v 19 چۈنكى ئىنسان بالىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ھايۋانلارغىمۇ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقىسى قانداق ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىمۇ شۇنداق ئۆلىدۇ، ئۇلاردا ئوخشاشلا بىرلا نەپەس باردۇر. ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق؛ چۈنكى ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر. \v 20 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ؛ ھەممىسى توپا-چاڭدىن چىققان، ھەممىسى توپا-چاڭغا قايتىدۇ.\x + \xo 3:20 \xt يار. 3‏:19\x* \v 21 كىم ئادەم بالىلىرىنىڭ روھىنى بىلىدۇ؟ ئۇ يۇقىرىغا چىقامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھايۋانلارنىڭ روھى، ئۇ يەر تېگىگە چۈشەمدۇ، كىم بىلىدۇ؟ \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنساننىڭ ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىن ئارتۇق ئىش يوقتۇر، دەپ كۆردۇم؛ چۈنكى مانا، بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشكە كىم ئېلىپ كېلىدۇ؟ \b \b \m \c 4 \s1 جەبىر-زۇلۇمغا قاراش \m \v 1 ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. \f □ \fr 4:1 \ft \+bd «ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى ئەزگۈچىلەر تەرەپتە كۈچ بار ئىدى».\f* \v 2 شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛ \v 3 شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان. \b \m \s1 رەقىبلىكنىڭ بىمەنىلىكى \m \v 4 ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. \m \v 5 ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ.\x + \xo 4:5 \xt پەند. 6‏:10؛ 24‏:33\x* \m \v 6 جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر»\+bd* ــ 4-ئايەتتە مەنپەئەت-ئابرۇي ئىزدەشنىڭ بىمەنىلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ 5-ئايەتتە «ھېچنېمە قىلمايمەن، پايدىسى يوق» دېگەن ھۇرۇنلۇق پوزىتسىيىنى ئەيىبلەيدۇ: 6-ئايەتتە بۇ ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرىدىكى دۇرۇس يولنى كۆرسىتىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئاچكۆزلۈكنىڭ تۈرتكىسىدە ئىشلەش \m \v 7 مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛ \v 8 بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «كبىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ،..»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىرسى يالغۇز، ئىككىنچىسى (ئىككىنچى ئادەم) يوق بولغان ھالدا بولسىمۇ،...». \+bd «ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ»\+bd* ــ بەزى باشقا تەرجىمىلەردە: «ئۇ: «مەن زادى كىم ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ، ئۆز جېنىمدىن ياخشىلىقنى قالدۇرىمەن؟» ــ دەپ ئۆكۈنىدۇ» دەپ ئوقۇلىدۇ.\f* \b \m \s1 ھەمراھلىق \m \v 9 ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ. \v 10 يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! \m \v 11 يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟ \v 12 يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس. \b \m \s1 ئىناۋەتنىڭ بىھۇدىلىكى \m \v 13 كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛ \v 14 چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى.\f □ \fr 4:14 \ft \+bd «گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ،...»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ قايسى گەۋدىلىك ئەھۋالنى كۆرسەتكەنلىكى ھازىر بىزگە ئېنىق ئەمەس.\f* \m \v 15 مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى \add پادىشاھنىڭ\add* ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم. \v 16 بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار»\+bd* ــ «ئۇلار» دېگەن كىم؟ بەلكىم بىرىنچى «قېرى» پادىشاھ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تەختكە ئولتۇرغان يىگىتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ»\+bd* ــ سۇلايمان مەلۇم بىر مىسال توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىدۇ. بۇ «قېرى پادىشاھ» سائۇل پادىشاھقا، «ياش يىگىت» داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىلىدۇ؛ بىراق دەل ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ (داۋۇت زىنداندا ياتمىغان). گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى، يۇرتنىڭ پىكرى تايانچىسىزدۇر؛ ئىككىنچى پادىشاھ پەقەت بىر مەزگىللا قارشى ئېلىندى، بىراق خەلق تېزلا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى قوللىمىدى. بۇ بىر بىمەنىلىك!\f* \b \b \m \c 5 \s1 نەسىھەت ــ باشقىلارغا ئىخلاسمەن كۆرۈنۈشكە تىرىشىشتىن ھېزى بول \m \v 1 خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ. \f □ \fr 5:1 \ft \+bd «...ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن»\+bd* ــ بۇ نەسىھەتنىڭ مەنىسى قۇربانلىقلار ياخشى ئەمەس، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە؛ پەقەت قۇربانلىقنى ئەخمەقلەرچە، بىمەنە سۇنماسلىق كېرەك، دېگەنلىكتۇر.\f* \v 2 ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن. \v 3 چۈنكى ئىش كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولغاندەك، گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «... گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى بەلكىم ئەخمەقلەرنىڭ بىھۇدە قەسەم ئىچىدىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 4 خۇداغا قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە؛ چۈنكى ئۇ ئەخمەقلەردىن ھۇزۇر ئالمايدۇ؛ شۇڭا قەسىمىڭنى ئادا قىلغىن. \x + \xo 5:4 \xt چۆل. 30‏:3؛ قان. 23‏:20\x* \v 5 قەسەم ئىچىپ ئادا قىلمىغاندىن كۆرە، قەسەم ئىچمەسلىكىڭ تۈزۈكتۇر. \x + \xo 5:5 \xt قان. 23‏:20، 21\x* \v 6 ئاغزىڭ تېنىڭنى گۇناھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسۇن؛ پەرىشتە ئالدىدا: «خاتا سۆزلەپ سالدىم» دېمە؛ نېمىشقا خۇدا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ قوللىرىڭ ياسىغاننى ھالاك قىلىدۇ؟ \f □ \fr 5:6 \ft \+bd «پەرىشتە ئالدىدا»\+bd* ــ قايسى پەرىشتە؟ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بولۇشى كېرەك. ئىبرانىي تىلىدا «ئەلچى» ۋە «پەرىشتە» دېگەنلەر بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. كاھىن ھەم پەرىشتە خۇدانىڭ «ئەلچى»سىدۇر («مال.» 7:2نى كۆرۈڭ).\f* \v 7 چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن!\x + \xo 5:7 \xt پەند. 10‏:19\x* \b \m \s1 نەپىسى يامان مەنسەپدارلار \m \v 8 سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر. \f □ \fr 5:8 \ft \+bd «سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ... كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛»\+bd* ــ سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئادىل پادىشاھ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قاتلاممۇ-قاتلام يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىنى تىزگىنلىيەلىشى چەكلىكتۇر.\f* \v 9 بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ.\f □ \fr 5:9 \ft \+bd «بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتنى چۈشىنىش تەس. بىزنىڭچە سۇلايمان ئادەمنىڭ دىققىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمىغا، يەنى خۇدانىڭ ياخشىلىقى (تۇپراقتىكى زىرائەتلەر ئارقىلىق بولغان ياخشىلىقى)غا قاراتماقچى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىدىغان پادىشاھ زېمىنغا پايدىلىقتۇر». بۇ تەرجىمىنىڭ مەنىسى: «زېمىننى باشقۇرىدىغان بىرسى بولسا (بولۇپمۇ پادىشاھ ئۆزى تېرىقچىلىقنى چۈشەنسە)، بۇ بەرىبىر ھۆكۈمەتسىزلىكتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، ھاكىمىيەتسىزلىكتىن ياخشى» دېگەندەك. ئوقۇرمەنلەر باشقا تەرجىمىلەرنىمۇ ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 پۇل \m \v 10 كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. \v 11 مال-مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇلارنى يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ؛ مال ئىگىسىگە ئۇلارنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ \m \v 12 ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئەمگەكچىنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىقتۇر؛ بىراق باينىڭ توقلۇقى ئۇنى ئۇخلاتماس.\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «باينىڭ توقلۇقى»\+bd* ــ «باينىڭ توقلۇقى» بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ: (1) ئۇنىڭ بايلىقىدىن ئەنسىرەشلىرى؛ (2) زىيادە كۆپ تاماق يەپ، ھەزىم بولماسلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 بايلىقلارغا باغلىق يەنە بىر بىمەنىلىك \m \v 13 مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛ \v 14 شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، \add ئوغلىنىڭ\add* قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ. \v 15 ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقىپ، كەتكەندىمۇ يالىڭاچ پېتى كېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن قولىغا ئالغۇدەك ھېچنېمىنى ئېپكەتەلمەيدۇ. \x + \xo 5:15 \xt زەب. 49‏:17-20\x* \v 16 مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ \v 17 ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ-ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ. \b \m \s1 ئەمگەكنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇر ئېلىش \m \v 18 مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر. \x + \xo 5:18 \xt توپ. 2‏:10، 24؛ 3‏:12، 22؛ 9‏:7؛ 11‏:9\x* \v 19 خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر. \v 20 چۈنكى ئۇ ئۆمرىدىكى تېز ئۆتىدىغان كۈنلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى كۆڭلىنىڭ شادلىقى بىلەن بەند قىلىدۇ. \b \b \m \c 6 \s1 ھەممە ئادەم ھاياتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ \m \v 1 قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇ ئىش ئادەملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ــ \m \v 2 خۇدا بىرسىگە بايلىقلار، مال-دۇنيا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى خالىغىنىدىن ھېچنەرسىسى كەم بولمىدى؛ بىراق خۇدا ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلمىدى، بەلكى يات بىر ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ؛ مانا بۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر ئازابتۇر. \m \v 3 بىرسى يۈز بالا كۆرۈپ كۆپ يىل ياشىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇنىڭ يىل-كۈنلىرى شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنى بەختنى كۆرمىسە، ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ چاچراپ كەتكەن بوۋاق ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر دەيمەن. \f □ \fr 6:3 \ft \+bd «ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ،...»\+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆلمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە ياكى دەپنە قىلىنمىغان بولسا،...».\f* \v 4 چۈنكى چاچرىغان بالا بىمەنىلىك بىلەن كېلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئىسمىنى قاپلايدۇ؛ \v 5 ئۇ كۈننىمۇ كۆرمىگەن، بىلمىگەن؛ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇ بىرىنچىسىگە نىسبەتەن ئارام تاپقاندۇر.\x + \xo 6:5 \xt ئايۇپ 3‏:16؛ زەب. 58‏:7-8\x* \m \v 6 بەرھەق، ھېلىقى كىشى ھەتتا ئىككى ھەسسە مىڭ يىل ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بەختنى كۆرمىسە، ئەھۋالى ئوخشاشتۇر ــ ھەربىر كىشى ئوخشاش بىر جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟ \b \m \s1 جاۋابسىز سوئاللار \m \v 7 ئادەمنىڭ تارتقان بارلىق جاپاسى ئۆز ئاغزى ئۈچۈندۇر؛ بىراق ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەرگىز قانمايدۇ. \v 8 شۇنداقتا دانا كىشىنىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بولسۇن؟ نامرات كىشى باشقىلار ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ \v 9 كۆزنىڭ كۆرۈشى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ ئۇيان-بۇيان يۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلىشمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. \v 10 ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان؛ ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان؛ شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ.\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ ... ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان»\+bd* ــ مەنىسى ھەربىر ئىش ئالدىنئالا خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولسا كېرەك. \+bd «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ بىلىنگەن (دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن)» (شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش بىھۇدىلىكتۇر). بىراق ئايەتنى ئىنساننىڭ ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، دەپ قارايمىز.\f* \m \v 11 چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا، بىمەنىلىك شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىنسانغا نېمە پايدىسى؟ \f □ \fr 6:11 \ft \+bd «چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا،..»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «گەپ» ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان گەپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى بىھۇدىلىكنى كۆپەيتىدىغان ئىشلار كۆپتۇر...»\f* \v 12 چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرىدە، يەنى ئۇنىڭ سايىدەك تېزلا ئۆتىدىغان مەنىسىز ئۆمرىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن؟ چۈنكى ئىنسانغا ئۇ كەتكەندىن كېيىن قۇياش ئاستىدا نېمە ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كىم دەپ بېرەلىسۇن؟\x + \xo 6:12 \xt توپ. 8‏:7؛ زەب. 144‏:4؛ ياق. 4‏:13، 14\x* \b \b \m \c 7 \s1 يەنە بىرقانچە ھېكمەت ۋە پاكىتلار ــ پاكىتلارغا يۈزلىنىش كېرەك! \m \v 1 ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.\x + \xo 7:1 \xt پەند. 22‏:1\x* \m \v 2 ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.\x + \xo 7:2 \xt يـۇھ. 11‏:31\x* \m \v 3 غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشىلىنىدۇ. \m \v 4 دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر. \m \v 5 ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛ \x + \xo 7:5 \xt پەند. 13‏:18؛ 15‏:31، 32\x* \v 6 چۈنكى ئەخمەقنىڭ كۈلكىسى قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك، خالاس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك...»\+bd* ــ يانتاقنىڭ كۆيگەن چاغدىكى ئاۋازى كۈچلۈك، بىراق تەپتى ئىنتايىن قىسقا.\f*  \x + \xo 7:6 \xt زەب. 58‏:9\x* \b \m \s1 ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى چەكلىكتۇر \m \v 7 جەبىر-زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ، \m پارا بولسا قەلبنى ھالاك قىلىدۇ.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «جەبىر-زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ،...»\+bd* ــ جەبىر-زۇلۇم يۈرگۈزگەن دانا كىشى ئۆزىنى ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان نادان قىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جەبىر-زۇلۇم يۈرگۈزگۈچى دانا كىشىنى ساراڭ قىلىدۇ، پارا بولسا ئۇنى تەلۋە قىلىدۇ».\f* \m \v 8 ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛ \m سەۋر-تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر. \m \v 9 روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛ \m چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ. \m \v 10 «نېمىشقا بۇرۇنقى كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ئەۋزەل؟» ــ دېمە؛ چۈنكى سېنىڭ بۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس. \b \m \s1 دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى \m \v 11 دانالىق مىراسقا ئوخشاش ياخشى ئىش، قۇياش نۇرى كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىقتۇر. \v 12 چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. \m \v 13 خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ كۆر؛ چۈنكى ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالىسۇن؟ \m \v 14 ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر: ــ خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ. \b \m \s1 «قۇياش ئاستىدىكى» دانالىق \m \v 15 مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم. \v 16 ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛ سەن ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالاقزادە قىلماقچىمۇسەن؟ \f □ \fr 7:16 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛...»\+bd* ــ سۇلايماننىڭ مۇشۇ گېپىدىن ھېچكىم: «ھەققانىيلىقنىڭ «ئارتۇق»، «ھەددىدىن زىيادە» دەيدىغان دەرىجىسى بولىدۇ» دەپ ئويلىمىسا كېرەك. ھەققانىيلىق دېگەن ھەققانىيلىقتۇر. بۇ يەردە گەپ ھەجۋىيلىك، كنايىلىك بىلەن ئېيتىلغان. ھالقىلىق سۆز «ئۆزۈڭنى دەپ» ــ دېمەك، ھەققانىي بولماقچى بولغان بۇ كىشىنىڭ مەقسىتى خۇدانى تونۇش ئەمەس، پەقەت خۇدانىڭ بەرىكىتىگىلا ئېرىشىش دېگەندىن ئىبارەت، خالاس؛ 15-ئايەتتە دېيىلگەن ئەھۋالغا قارىغاندا، ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرمۇ پېشكەللىككە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلمىسا، «نېمىشقا بۇ كۈلپەتلەر بېشىمغا چۈشتى» دەپ «ئالاقزادە بولۇپ كېتىشى» مۇمكىن. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ۋە چۈشەنچىسى: «ئۆزۈڭنى ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي كۆرسەتمە؛ ۋە ئۆزۈڭنى ھەددىدىن زىيادە دانا كۆرسەتمە. ئۆز-ئۆزۈڭنى ھالاك قىلماقچىمۇسەن؟». \fp يەنە باشقا بىرنەچچە خىل چۈشەنچىسىمۇ بار.\f* \v 17 ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛ ئۆز ئەجىلىڭ توشماي تۇرۇپ ئۆلمەكچىمۇسەن؟ \f □ \fr 7:17 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛...»\+bd* ــ ھېچكىم سۇلايماننىڭ بۇ گېپىنىڭ مەنىسىنى: «رەزىللىكنىڭ «نورمال» ياكى ««ئەقىلگە سىغىدۇ» دەيدىغان دەرىجىسى بار» دەپ ئويلىمىسا كېرەك. بۇ گەپ بەلكىم ئاللىقاچان رەزىللىشىپ كەتكەن ئادەملەرگە قارىتىپ كىنايىلىك بىلەن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. 15-ئايەتتىكى: «رەزىللىك پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، رەزىللىكىمنى كۆپەيتىمەن» دېگەنگە قارىتا، سۇلايمان بۇ ئاگاھنى قوشۇپ ئېيتىدۇ. رەزىل ئادەملەر بەرىبىر ئۆلىدۇ؛ بىراق رەزىل ئادەملەر بۇنداق كىنايىلىك گەپنى قوبۇل قىلسا، ھېچ بولمىغاندا شۇ يول بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان جازا تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتمەيدۇ. \fp يەنە باشقا بىرنەچچە خىل چۈشەنچىسىمۇ بار.\f* \v 18 شۇڭا، بۇ \add ئاگاھنى\add* چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ \add ئاگاھنىمۇ\add* قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.\f □ \fr 7:18 \ft \+bd «... ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم سۇلايماننىڭ يۇقىرىقى 16-17-ئايەتتىكى ئىككى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئازدۇرۇشتىن قۇتۇلىدۇ. \fp يەنە باشقا بىرنەچچە خىل چۈشەنچىسىمۇ بار.\f* \b \m \s1 ئادەملەر گۇناھكار بولغاچقا، دانالىق ناھايىتى زۆرۈردۇر \m \v 19 دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ. \m \v 20 بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.\x + \xo 7:20 \xt 1پاد. 8‏:46، 47؛ 2تار. 6‏:36؛ پەند. 20‏:9؛ 1يۇھ. 1‏:8\x* \m \v 21 يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. \v 22 چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن. \b \m \s1 ئىنساننىڭ دانالىقىنىڭ چەكلىكلىكى \m \v 23 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن: «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى. \v 24 بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟\f □ \fr 7:24 \ft \+bd «ئىنتايىن سىرلىق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چوڭقۇر، چوڭقۇر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \m \v 25 مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم. \x + \xo 7:25 \xt توپ. 1‏:17؛ 2‏:12\x* \v 26 شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.\x + \xo 7:26 \xt پەند. 5‏:3؛ 6‏:24-35؛ 7‏:6-27؛ 22‏:14\x* \m \v 27 بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛ \v 28 مېنىڭ قەلبىم ئۇنى يەنىلا ئىزدىمەكتە، بىراق تېخى تاپالمىدىم! ــ مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم. \f □ \fr 7:28 \ft \+bd «مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم»\+bd* ــ بۇ بايان بىزگە سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ قىز-ئاياللار توغرۇلۇق بولغان خەۋىرى نەدىن كەلگەن؟ ئۇ قانداقتۇ «مىڭ ئايال» بىلەن تونۇشقانمۇ؟ تەۋراتتىكى «پادىشاھلار» قىسمىدىن بىلىمىزكى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايال-كېنىزەكلىرى بار ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئاخىرىدا خۇدانىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ، بۇتپەرەسلىككە ئالدىنىپ كەتكەنىدى.\f* \v 29 مانا كۆرگىن، مېنىڭ بايقىغانلىرىم پەقەت مۇشۇ بىرلا ــ خۇدا ئادەمنى ئەسلى دۇرۇس ياراتقان؛ بىراق ئادەملەر بولسا نۇرغۇنلىغان ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىزدەيدۇ. \b \b \m \c 8 \s1 بىرنەچچە نەسىھەتلەر \m \v 1 كىم دانا كىشىگە تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى بىلىدۇ؟ كىشىنىڭ دانالىقى چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، يۈزىنىڭ سۈرىنى يورۇتىدۇ. \m \v 2 پادىشاھنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سېلىشىڭنى دەۋەت قىلىمەن؛ بولۇپمۇ خۇدا ئالدىدا ئىچكەن قەسەم تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلغىن. \f □ \fr 8:2 \ft \+bd «بولۇپمۇ خۇدا ئالدىدا ئىچكەن قەسەم تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلغىن»\+bd* ــ بۇ قەسەم پادىشاھنىڭ خۇدا ئالدىدا ئىچكەن قەسىمى (ئادىل، بىتەرەپ بولۇش ئۈچۈن) بولسا كېرەك؛ بەزى ئالىملار، قەسەم پۇقرالارنىڭكى (پادىشاھقا سادىق بولۇش ئۈچۈن)، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 8:2 \xt پەند. 24‏:21\x* \v 3 ئۇنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىما؛ يامان بىر دەۋانى قوللاشتا چىڭ تۇرما؛ چۈنكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. \f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئۇنىڭ \+bd*\+bdit پادىشاھنىڭ\+bdit* ئالدىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىما» ــ بۇ سۆز بەلكىم پادىشاھقا قارشى چىقىش، ياكى ئۇنىڭدىن رازى بولماسلىق توغرۇلۇق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. \+bd «يامان بىر دەۋانى قوللاشتا چىڭ تۇرما»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «(پادىشاھنىڭ) ئىشى ساڭا ئېغىر كەلسىمۇ ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە».\f* \v 4 چۈنكى پادىشاھنىڭ سۆزى ھوقۇقتۇر؛ كىم ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمە قىلىلا؟» ــ دېيەلىسۇن؟ \v 5 كىم \add پادىشاھنىڭ\add* پەرمانىنى تۇتقان بولسا ھېچ يامانلىقنى كۆرمەيدۇ؛ دانا كىشىنىڭ كۆڭلى ھەم پەيتنى ھەم يولنى پەملىيەلەيدۇ.\x + \xo 8:5 \xt رىم. 13‏:3\x* \m \v 6‏-7 چۈنكى ھەربىر ئىش-ئارزۇنىڭ پەيتى ۋە يولى بار؛ ئىنسان كېيىنكى ئىشلارنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ. كىم ئۇنىڭغا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتالىسۇن؟\x + \xo 8:6‏-7 \xt توپ. 6‏:12\x* \m \v 8 ھېچكىم ئۆز روھىغا ئىگە بولالماس، يەنى ھېچكىمنىڭ ئۆز روھىنى ئۆزىدە قالدۇرۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈش كۈنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ شۇ جەڭدىن قېچىشقا رۇخسەت يوقتۇر؛ رەزىللىك رەزىللىككە بېرىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزماس.\x + \xo 8:8 \xt ئايۇپ 14‏:5؛ زەب. 39‏:5-6\x* \b \m \s1 بەزى بىھۇدە باشقا ئىشلار \m \v 9 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا، ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتقانلىقى بىلەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇشۇ ۋاقىتقا كۆڭۈل قويدۇم.\f □ \fr 8:9 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم،... ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇشۇ ۋاقىتقا كۆڭۈل قويدۇم»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا كۆڭۈل قويدۇم؛ ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتۇشىنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋاقتى بار» ياكى «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا كۆڭۈل قويدۇم؛ ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتۇشىنىڭ ئۇلارغا (باشقا ئادەملەرگە) زىيان يەتكۈزىدىغان ۋاقتى بار».\f* \m \v 10 شۇنىڭدەك رەزىللەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلار ئەسلىدە مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى؛ ئۇلار \add مۇقەددەس جايدىن\add* چىقىپلا، رەزىل ئىشلارنى قىلغان شۇ شەھەر ئىچىدە ماختىلىدۇ تېخى! بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر!\f □ \fr 8:10 \ft \+bd «... شۇ شەھەر ئىچىدە ماختىلىدۇ»\+bd* ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرۈلمىلىرىدە: «ماختىلىدۇ» دېگەننىڭ ئورنىدا «ئۇنتۇلىدۇ» دېگەن سۆز تېپىلىدۇ. بىز ئالغان نۇسخا ئالدى-كەينى سۆزلەرگە باغلىققۇ دەيمىز.\f* \m \v 11 رەزىللىك ئۈستىدىن ھۆكۈم تېزدىن بەجا كەلتۈرۈلمىگەچكە، شۇڭا ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭلى رەزىللىكنى يۈرگۈزۈشكە پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىدۇ. \m \v 12 گۇناھكار يۈز قېتىم رەزىللىك قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشى بولىدۇ دەپ بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا قورقىدۇ. \f □ \fr 8:12 \ft \+bd «گۇناھكار ... كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ»\+bd* ــ بەزى گۇناھكار مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۇلى ياكى باشقا ئامالىغا تايىنىپ، «كۈنلىرىنى ئۇزارتىدۇ». بۇ ئەھۋال ۋاقىتلىق، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 8:12 \xt زەب. 37‏:7-12، 18-20؛ پەند. 1‏:33؛ يەش. 3‏:10\x* \v 13 بىراق رەزىللەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى سايىدەك تېزلا ئۆتۈپ، كۈنلىرى ئۇزارتىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا قورقمايدۇ.\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «... ئۇنىڭ كۈنلىرى سايىدەك تېزلا ئۆتۈپ، كۈنلىرى ئۇزارتىلمايدۇ»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇ كۈنلەرنى سايىنى ئۇزارتقاندەك ئۇزارتمايدۇ».\f* \m \v 14 يەر يۈزىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر بىمەنىلىك بار؛ بېشىغا رەزىللەرنىڭ قىلغىنى بويىچە كۈن چۈشىدىغان ھەققانىي ئادەملەر بار؛ بېشىغا ھەققانىي ئادەملەرنىڭ قىلغىنى بويىچە ياخشىلىق چۈشىدىغان رەزىل ئادەملەرمۇ بار. مەن بۇ ئىشنىمۇ بىمەنىلىك دېدىم. \v 15 شۇڭا مەن تاماشىنى تەرىپلىدىم؛ چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن قۇياش ئاستىدا يېيىش، ئىچىش ۋە ھۇزۇر ئېلىشتىن ياخسى ئىش يوقتۇر؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن بولغان مېۋە خۇدا تەقدىم قىلغان قۇياش ئاستىدىكى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.\x + \xo 8:15 \xt توپ. 2‏:24؛ 3‏:12، 22؛ 5‏:18؛ 9‏:7\x* \m \v 16‏-17 كۆڭلۈمنى دانالىقنى ۋە يەر يۈزىدە قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن قويغاندا، شۇنداقلا خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرگىنىمدە شۇنى بايقىدىم: ــ ئىنسان ھەتتا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىگە ئۇيقۇنى كۆرسەتمىسىمۇ، قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئىشنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ؛ ئۇ ئۇنى چۈشىنىشكە قانچە ئىنتىلسە، ئۇ شۇنچە بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ھەتتا دانا كىشى «بۇنى بىلىپ يەتتىم» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى بىلىپ يەتمەيدۇ.\f □ \fr 8:16‏-17 \ft \+bd «كۆڭلۈمنى دانالىقنى ۋە يەر يۈزىدە قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن قويغاندا... ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى بىلىپ يەتمەيدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بۇ ئىككى ئايەتنىڭ بىرنەچچە باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 9 \s1 خۇدا بىزگە دوستمۇ، دۈشمەنمۇ؟ ــ ئۆلۈمگە يۈزلىنىش \m \v 1 مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم؛ شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ھەققانىي كىشى ياكى دانا كىشى بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغانلىرى خۇدانىڭ قولىدىدۇر، دەپ بايقىدىم؛ ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن. \f □ \fr 9:1 \ft \+bd «... ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ»\+bd* ــ دېمەك، «خۇدا ئۇنى سۆيىدۇ ياكى ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىدۇ؟ ھېچ ئىنسان بىلمەيدۇ». بەزى ئالىملار: «ئىنسان ئۆزىدە (بولۇپمۇ ئېغىر كۈنلەر بېشىغا چۈشكەندە) نېمىنىڭ بولىدىغانلىقى، ياكى مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دەپ شەرھ بېرىدۇ.\f* \v 2 ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىشلار ئوخشاش پېتى كېلىدۇ؛ ھەققانىي ۋە رەزىل كىشىگە، مېھرىبان كىشىگە، پاك ۋە ناپاك، قۇربانلىق قىلغۇچى ۋە قۇربانلىق قىلمىغۇچىغىمۇ ئوخشاش قىسمەت بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمگە قانداق بولسا، گۇناھكارغا شۇنداق بولىدۇ؛ قەسەم ئىچكۈچىگە ۋە قەسەم ئىچىشتىن قورققۇچىغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. \x + \xo 9:2 \xt زەب. 73‏:12-14\x* \v 3 مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ. \m \v 4 چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا. \v 5 تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ. \v 6 ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتخورلۇقىمۇ ئاللىقاچان يوقالغان؛ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇلارنىڭ مەڭگۈگە قايتا نېسىۋىسى يوقتۇر. \b \m \s1 ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندە قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي ئىشلار \m \v 7 بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان. \v 8 كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن. \f □ \fr 9:8 \ft \+bd «كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن»\+bd* ــ دېمەك، كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم پاكىز بولسۇن.\f* \m \v 9 خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر. \v 10 قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ. \b \m \s1 دانالىق ۋە تاسادىپىيلىق \m \v 11 مەن زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدا كۆردۇمكى، مۇسابىقىدە غەلىبە يەلتاپانغا بولماس، يا جەڭدە غەلىبە پالۋانغا بولماس، يا نان دانا كىشىگە كەلمەس، يا بايلىقلار يورۇتۇلغانلارغا كەلمەس، يا ئىلتىپات بىلىملىكلەرگە بولماس ــ چۈنكى پەيت ۋە تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ. \v 12 بەرھەق، ئىنسانمۇ ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيدۇ؛ بېلىقلار رەھىمسىز تورغا ئېلىنغاندەك، قۇشلار تاپان-تۇزاققا ئىلىنغاندەك، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسان بالىلىرى يامان بىر كۈندە تۇزاققا ئىلىنىدۇ، تۇزاق بېشىغا چۈشىدۇ. \b \m \s1 دانالىقنىڭ ئەتىۋارلانماسلىقى \m \v 13 مەن يەنە قۇياش ئاستىدا دانالىقنىڭ بۇ مىسالىنى كۆردۇم، ئۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى؛ \v 14 كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا قارشى بۈيۈك بىر پادىشاھ چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان يوغان پوتەيلەرنى قۇردى. \v 15 بىراق شەھەردىن نامرات بىر دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ بىراق كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى.\f □ \fr 9:15 \ft \+bd «...دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ ... كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى»\+bd* ــ ئېلىشا پەيغەمبەر بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولىدۇ («2پاد.» 6-8-بابلار، «يەر.» 12:27نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن مەن: «دانالىق كۈچ-قۇدرەتتىن ئەۋزەل» ــ دېدىم؛ بىراق شۇ نامرات كىشىنىڭ دانالىقى كېيىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانمايدۇ.\x + \xo 9:16 \xt پەند. 21‏:22؛ 24‏:5؛ توپ. 7‏:19\x* \b \m \s1 دانالىق، ئەخمەقلىق، گۇناھ، تەلۋىلىك \m \v 17 دانا كىشىنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرى ئەخمەقلەر ئۈستىدىن ھوقۇق سۈرگۈچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئېنىق ئاڭلىنار. \m \v 18 دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ. \b \b \m \c 10 \s1 ئەقىل بېرىدىغان بەزى ھېكمەتلەر \m \v 1 خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ. \m \v 2 دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل»\+bd* ــ قورالنى تۇتۇپ، ئۆزىنى قوغداش تەرىپىدۇر.\f* \m \v 3 ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ. \b \m \v 4 ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ. \m \v 5 قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ \v 6 ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛ \f □ \fr 10:6 \ft \+bd «ئەخمەقلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەخمەقلىق» دەپ ئېلىنغان.\f* \v 7 مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم.\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى... كۆردۇم»\+bd* ــ پەلەستىندە كونا زامانلاردا ئاتقا مىنىش پەقەت ئابرويلۇق كىشىلەرگىلا مەنسۇپ ئىدى.\f* \b \m \s1 تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان خەتەرلەرگە دانالىق كېرەك \m \v 8 ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛ \f □ \fr 10:8 \ft \+bd «تامنى بۇزغان كىشى...»\+bd* ــ ياكى «چىتنى بۇزغان كىشى...».\f*  \x + \xo 10:8 \xt پەند. 26‏:27\x* \v 9 تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. \m \v 10 پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. \m \v 11 يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «يىلانچى»\+bd* ــ نەي چېلىپ يىلاننى ئويناتقۇچى ئادەم. \+bd «يىلانچىنى چاقسا،..»\+bd* ــ ياكى «خەقنى چاقسا...».\f* \b \m \s1 دانىشمەنلەر ۋە ئەخمەقلەرنىڭ ئىش-سۆزلىرى \m \v 12 دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ. \v 13 سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛ \v 14 ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟ \m \v 15 ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ. \b \m \s1 ئەخمەق ھۆكۈمدارلارنىڭ چاتاقلىرى \m \v 16 ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي!\x + \xo 10:16 \xt يەش. 3‏:3، 4؛ ھوش. 13‏:11؛ ئام. 6‏:4\x* \m \v 17 ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!\f □ \fr 10:17 \ft \+bd «...ئۆزىنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...»\+bd* ــ ياكى، «...ئۆزىنى تۇتۇپ مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...». \+bd «... ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس... زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ۋە ئەمىرلىرىڭ مەست بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سالماقلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!».\f* \b \m \s1 يەنە ھېكمەتلەر \m \v 18 ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ. \m \v 19 زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار! \m \v 20 پادىشاھقا لەنەت قىلما، ھەتتا ئويۇڭدىمۇ تىللىما؛ ھۇجراڭدىمۇ بايلارنى تىللىما؛ چۈنكى ئاسماندىكى بىر قۇش ئاۋازىڭنى تارىتىدۇ، بىر قانات ئىگىسى بۇ ئىشنى ئايان قىلىدۇ.\x + \xo 10:20 \xt مىس. 22‏:28\x* \b \b \m \c 11 \s1 بىرنەچچە ئەمەلىي نەسىھەت \m \v 1 نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت؛ كۆپ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن.\f □ \fr 11:1 \ft \+bd «نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت... ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم دېڭىز سودىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ تەۋەككۈلچىلىڭ قانچە چوڭ بولسا، پايدىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ گەپنىڭ يەنە ھەرخىل كۆچمە مەنىلىرى بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نېنىڭنى سۇلار (دېڭىزلار) ئۈستىگە تاشلا».\f* \m \v 2 بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.\f □ \fr 11:2 \ft \+bd «بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن»\+bd* ــ بەزى ئالىملار، بۇ ئايەتمۇ سودا-تىجارەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىرنەچچە كۆچمە مەنىلىرىمۇ بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 11:2 \xt 2كور. 9‏:10\x* \m \v 3 بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، ئۆزلىرىنى زېمىن ئۈستىگە بوشىتىدۇ؛ دەرەخ شىمال تەرەپكە ئۆرۈلسە، ياكى جەنۇب تەرەپكە ئۆرۈلسە، قايسى تەرەپكە چۈشكەن بولسا، شۇ يەردە قالىدۇ. \m \v 4 شامالنى كۆزىتىدىغانلار تېرىقچىلىق قىلمايدۇ؛ بۇلۇتلارغا قارايدىغانلار ئورما ئورمايدۇ. \m \v 5 سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن.\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «شامالنىڭ يولى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىر سۆز بولۇپ، سۇلايمان مۇشۇ ئايەتتە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا ئاپىرىدە بولىدىغانلىقى، ئۆسىدىغانلىقىنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ كۆرسىتىدۇ (ئىنجىل، «يۇھ.» 1:3-8نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:5 \xt يـۇھ. 3‏:8\x* \m \v 6 سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. \b \m \s1 ھايات كۈنلىرىنى ئەتىۋارلاش كېرەك، ئىخلاسمەن بولۇشى كېرەك! \m \v 7 نۇر شېرىن بولىدۇ، ئاپتاپنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر. \v 8 شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر! \b \m \v 9 ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئى يىگىت؛ ياشلىقىڭ كۈنلىرىدە كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي؛ كۆڭلۈڭ خالىغىنى بويىچە ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگىنى بويىچە يۈرگىن؛ بىراق شۇنى بىلگىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ. \v 10 ئەمدى كۆڭلۈڭدىن غەشلىكنى ئېلىپ تاشلا، تېنىڭدىن يامانلىقنى نېرى قىل؛ چۈنكى بالىلىق ۋە ياشلىقمۇ بىمەنىلىكتۇر. \b \b \m \c 12 \s1 سۆزنىڭ داۋامى \m \v 1 ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن: «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛ \v 2 قۇياش، يورۇقلۇق، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىپ، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن. \f □ \fr 12:2 \ft \+bd «يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە»\+bd* ــ ياكى «يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار يوقىمىغۇچە».\f* \v 3 شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛ \f □ \fr 12:3 \ft \+bd «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى»\+bd* ــ ئادەمنىڭ قاپاقلىرىنى، «پالۋانلار» ــ ئادەمنىڭ مۆرىلىرىنى، «ئەزگۈچىلەر» ــ چىشلارنى، «دېرىزىلەردىن قارىغۇچىلار» ــ كۆزلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. كېيىنكى ئايەتلەردىكى بىر قاتار ئوخشىتىشلارمۇ قېرىلىقنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛ \f □ \fr 12:4 \ft \+bd «ناخشىچى قىزلار»\+bd* ــ قۇشلارنى كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار.\f* \v 5 كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ \f □ \fr 12:5 \ft \+bd «چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى «چېكەتكە ئۆزىنى سۆرەپ ماڭىدۇ». \+bd «شىندىر مېۋىسى»\+bd* ــ مۇھەببەتنى قوزغايدىغان مېۋە ئىدى. ئۇنىڭ «سولىشىپ كەتكەنلىكى» بەلكىم جىنىسىي مۇھەببەتنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 6 كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە، \f □ \fr 12:6 \ft \+bd «قۇدۇقتىكى چاق»\+bd* ــ قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىدىغان چاقنى كۆرسەتسە كېرەك. \fp «كۈمۈش تانا (رىشتە)»، «ئالتۇن چىنە»، «ئاپتوۋا» ۋە «چاق»لارنىڭ تەننىڭ قايسى ئەزا-فۇنكسىيىلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى بۇنىڭدا ئېنىق دېيىلمىگەن؛ بىراق ئومۇمىي مەنىسى ئېنىقتۇر ــ بەدەننىڭ ھەربىر گۈزەللىك-قابىلىيىتى زاۋالغا يۈزلىنىدۇ.\f* \v 7 توپا-چاڭ ئەسلى تۇپراققا قايتقۇچە، روھ ئۆزىنى بەرگەن خۇداغا قايتقۇچە ــ ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن!\x + \xo 12:7 \xt يار. 2‏:7؛ 3‏:19؛ چۆل. 16‏:22\x* \m \v 8 بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!»\x + \xo 12:8 \xt زەب. 62‏:9؛ 144‏:4؛ توپ. 1‏:2\x* \b \m \s1 خۇلاسە \m \v 9 شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى. \x + \xo 12:9 \xt 1پاد. 5‏:26\x* \v 10 ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. \v 11 دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر. \v 12 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ.\f □ \fr 12:12 \ft \+bd «...ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن ئاگاھ-ساۋاق ئالغىن». بىراق بىزنىڭچە بۇ ئايەتتە سۇلايمان «بىرلا پادىچى (دېمەك، خۇدادىن) تەرىپىدىن بېرىلگەن» بارلىق مۇقەددەس يازمىلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 ئاخىرقى دەۋەت \m \v 13 بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛ \f □ \fr 12:13 \ft \+bd «بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى»\+bd* ــ ياكى «بىز پۈتۈن ئىشنى ئاڭلىدۇق». \+bd «بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئىنساننىڭ بارلىقىدۇر» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ تولۇق مەنىسى بەلكىم: «خۇدادىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىل» ــ بۇ خۇدانىڭ ئىنساندا بولغان مەقسىتىدۇر، دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 12:13 \xt قان. 6‏:2؛ 10‏:12؛ پەند. 3‏:7\x* \v 14 چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ.\x + \xo 12:14 \xt 1كور. 4‏:5؛ 2كور. 5‏:10\x*