\id DEU \h قانۇن‭ ‬شەرھى \toc1 قانۇن‭ ‬شەرھى \toc2 قانۇن‭ ‬شەرھى \toc3 قان. \mt1 قانۇن‭ ‬شەرھى \c 1 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى ــ تارىخنى قايتا بايان قىلىش \m \v 1 تۆۋەندە خاتىرىلەنگىنى مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران بىلەن توفەل، لابان، ھازىروت، دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنى سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆل-تۈزلەڭلىكتە، پۈتكۈل ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ــ \m \v 2 ھورەب تېغىدىن چىقىپ، سېئىر تېغىنىڭ يولى بىلەن قادەش-بارنېئاغا بارغۇچە جەمئىي ئون بىر كۈنلۈك يول ئىدى. \v 3 ھالبۇكى، مۇسا بۇ بارلىق سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى دەپ ئۆزىگە تاپىلىغىنى بويىچە ئىسرائىللارغا ئېيتقان ۋاقتى قىرىقىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بولدى؛ \v 4 بۇ ۋاقىت مۇسا ھەشبوننى پايتەخت قىلغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ۋە ئاشتاروت ۋە ئەدرەينى پايتەخت قىلغان باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىل ئىدى. \x + \xo 1:4 \xt چۆل. 21‏:33،24\x* \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئاب زېمىنىدا مۇسا \add پەيغەمبەر\add* بۇ قانۇن-تەلىمنى شەرھلەشكە باشلاپ، مۇنداق دېدى: ــ \m \v 6 «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھورەب تېغىدا بىزگە سۆز قىلىپ: ــ «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغ ئەتراپىدا تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ \v 7 ئەمدى بۇرۇلۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئامورىيلار تۇرۇۋاتقان ئېگىزلىككە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان بارلىق جايلارغا، جۈملىدىن ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە، تاغلىقلارغا، ئويمانلىققا، جەنۇبقا، دېڭىز بويلىرىغا، ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ھەم لىۋان زېمىنىغا بېرىڭلار. \v 8 مانا، مەن شۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويدۇم؛ كىرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا: «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەنىدى.\x + \xo 1:8 \xt يار. 15‏:18؛ 17‏:7، 8\x* \m \v 9 شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ \m «مەن يۈكۈڭلارنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن. \x + \xo 1:9 \xt مىس. 18‏:18\x* \v 10 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى كۆپەيتتى؛ مانا، بۈگۈن سىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇنسىلەر. \v 11 ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرنى ھازىرقىدىن يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، شۇنداقلا ۋەدە قىلغىنىدەك سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! \v 12 لېكىن مەن ئۆزۈم يالغۇز قانداقمۇ سىلەرنىڭ جاپالىرىڭلارنى، يۈكۈڭلارنى ۋە تالاش-تارتىشىڭلارنى كۆتۈرەلەيمەن؟ \v 13 ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلاردىن دانىشمەن، يورۇتۇلغان مۆتىۋەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىمەن» ــ دېدىم. \m \v 14 سىلەر بولساڭلار ماڭا: ــ «سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ياخشى گەپ بولدى»، دېدىڭلار. \v 15 شۇنىڭ بىلەن مەن قەبىلىلىرىڭلاردىن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى، يەنى دانىشمەن ھەم مۆتىۋەر ئادەملەرنى تاللاپ، ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، قەبىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ھەرخىل ئەمەللەرنى تۇتۇشقا تىكلىدىم. \v 16 شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛ \x + \xo 1:16 \xt يـۇھ. 7‏:24\x* \v 17 ھۆكۈم چىقارغاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلماڭلار؛ مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن سىلەر ھەممىسىنىڭلا ئىشلىرىنى سوراڭلار. سىلەر ئىنسانلارنىڭ سۆلىتىدىن قورقماسلىقىڭلار كېرەك، چۈنكى مۇشۇ ھۆكۈم چىقىرىش ئىشى خۇداغا تەۋە ئىشتۇر. سىلەرگە تەس چۈشىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن» ــ دېدىم. \x + \xo 1:17 \xt لاۋ. 19‏:15؛ 1سام. 16‏:7؛ پەند. 24‏:23؛ ياق. 2‏:1\x* \v 18 ئەينى چاغدا مەن قىلىشقا كېرەك بولغان بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تاپىلىغانمەن. \b \m \s1 قادەش-بارنېئادىكى خۇداغا بولغان ئىشەنچسىزلىك \m \v 19 بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغاندەك ھورەبتىن چىقىپ، ئامورىيلارنىڭ تاغلىقىغا باردۇق ۋە سىلەر شۇ يولدىكى بىپايان، دەھشەتلىك چۆلنى كۆردۇڭلار؛ بىز ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئاغا كەلدۇق. \v 20 ۋە مەن سىلەرگە: ــ «سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە ئاتا قىلىدىغان، ئامورىيلارنىڭ تېغىغا يېتىپ كەلدۇق. \v 21 مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ زېمىننى ئالدىڭلارغا قويدى؛ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقاندەك، شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى ئىگىلەڭلار؛ قورقماڭلار، ھېچ ھودۇقماڭلار» ــ دېدىم. \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا: ــ «بىز زېمىنغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالدىن ئادەملەرنى ئەۋەتەيلى؛ ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۇ يەرنى كۆزىتىپ، چىقىشىمىز كېرەك بولغان يول ۋە بىز ئۇچرايدىغان شەھەرلەر توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزسۇن» ــ دېدىڭلار. \m \v 23 بۇ ئىش نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنۈپ، مەن ئاراڭلاردىن ئون ئىككى ئادەمنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى تاللىدىم. \x + \xo 1:23 \xt چۆل. 13‏:2-38.\x* \v 24 ئۇلار يولغا ئاتلىنىپ تاغقا بېرىپ، ئەشكول جىلغىسىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتى. \f □ \fr 1:24 \ft \+bd «يولغا ئاتلىنىپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يولغا بۇرۇلۇپ»\f*  \x + \xo 1:24 \xt چۆل. 13‏:23\x* \v 25 ئۇلار قوللىرىغا شۇ زېمىندىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ بىزگە كەلتۈردى ۋە مەلۇمات بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىن ياخشىدۇر» ــ دېدى. \m \v 26 ھالبۇكى، سىلەر زېمىنغا چىقىشقا ئۇنىمىدىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار \x + \xo 1:26 \xt چۆل. 14‏:2\x* \v 27 ۋە ئۆز چېدىرىڭلاردا قاقشاپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغانلىقىدىن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان. \v 28 ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار.\f □ \fr 1:28 \ft \+bd «چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق»\+bd* ــ ياكى «كۆپ ھەم ئېگىز بىر خەلق». \+bd «ئاناكىيلار»\+bd* ــ يوغان بويلۇق گىگانت ئادەملەر ئىدى («چۆل.» 33:13، «قانۇن شەرھى» 10:2، 21، 2:9نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:28 \xt چۆل. 13‏:28\x* \m \v 29 شۇڭا مەن سىلەرگە: «قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ \v 30 سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ماڭىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىسىر زېمىنىدا كۆز ئالدىڭلاردا بارلىق قىلغانلىرىدەك سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ؛ \v 31 سىلەر يەنە چۆل-باياۋاندىمۇ بارلىق ماڭغان يوللىرىڭلاردا مۇشۇ يەرگە يېتىپ كەلگۈچە ئىنسان ئۆز ئوغلىنى قۇچىقىدا كۆتۈرگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭمۇ سىلەرنى كۆتۈرگىنىنى كۆردۇڭلار. \v 32‏-33 شۇنىڭدەك گەرچە ئۇ يەنە كېچىدە ئوتتا، كۈندۈزدە بۇلۇت ئىچىدە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، بارگاھ تىككۈدەك يەرلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئىشەنمىدىڭلار.\x + \xo 1:32‏-33 \xt مىس. 13‏:21\x* \m \v 34 پەرۋەردىگار بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ: \v 35 «بۇ رەزىل دەۋردىكىلەردىن ھېچبىر ئادەم ھەرقانداق يول بىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىشنى قەسەم قىلغان بۇ ياخشى زېمىننى كۆرگۈچى بولمايدۇ! \x + \xo 1:35 \xt چۆل. 14‏:22، 23؛ زەب. 95‏:10-11\x* \v 36 پەقەت يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە، شۇلا زېمىننى كۆرىدۇ ۋە ئۇ ئۆز پۇتى بىلەن كېزىپ چىققان بارلىق يەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بېرىمەن» ــ دەپ قەسەم قىلدى.\f □ \fr 1:36 \ft \+bd «پەقەت يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە،...»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقە «چۆل.» 13-14-بابتا خاتىرىلىنىدۇ.\f* \m \v 37 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى ۋە: «سەنمۇ شۇ يەرگە كىرگۈچى بولمايسەن. \f □ \fr 1:37 \ft \+bd «شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقە «چۆل.» 1:20-13دە خاتىرىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:37 \xt چۆل. 20‏:12؛ 27‏:14؛ قان. 3‏:26؛ 4‏:21؛ 34‏:4\x* \v 38 لېكىن ئالدىڭدا خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كىرەلەيدۇ. ئۇنى كۈچلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭغا مىراس قىلدۇرىدۇ. \v 39 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ: «ئۇلار \add دۈشمەنلەرنىڭ\add* ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان بالىلىرىڭلار بولسا، كىرىدۇ؛ مەن ئۇ يەرنى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن ۋە ئۇلار ئۇنى ئىگىلەيدۇ. \m \v 40 لېكىن سىلەر بولساڭلار، بۇرۇلۇپ قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن چۆل-باياۋانغا قايتتىڭلار» ــ دېدى.\f □ \fr 1:40 \ft \+bd «قىزىل دېڭىز»\+bd* ــ ياكى «قومۇشلۇق دېڭىز».\f* \m \v 41 شۇ چاغدا سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بىز دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە جەڭ قىلغىلى چىقىمىز» ــ دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قورال-ياراقلىرىڭلارنى ئېسىپ، تاغقا چىقماقچى بولدۇڭلار. \v 42 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ئۇلارغا: ــ «چىقماڭلار، جەڭ قىلماڭلار، چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەمەسمەن؛ سىلەر چوقۇم دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر»، دېگىن، دېدى. \m \v 43 مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ تاغقا چىقتىڭلار. \v 44 لېكىن تاغدا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى ئاتلىنىپ، بىر توپ ھەرىلەردەك سىلەرنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، سېئىردا سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. \v 45 سىلەر قايتىپ كېلىپ پەرۋەردىگار ئالدىدا يىغا-زار كۆتۈردۈڭلار، ئەمما پەرۋەردىگار پەريادىڭلارنى ئاڭلىمىدى، يا ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. \m \v 46 شۇنىڭ بىلەن سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇرۇپ قالدىڭلار ــ سىلەر قانچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇردۇڭلار!\f □ \fr 1:46 \ft \+bd «...سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇرۇپ قالدىڭلار ــ سىلەر قانچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇردۇڭلار!»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسىنى چۈشىنىش تەس. باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «سىلەر قادەشتە ئاللىقاچان تۇرغان كۈنلەردەك (يەنى 40 كۈن) شۇ يەردە تۇرۇپ قالدىڭلار» ياكى «سىلەر باشقا يەرلەردە قانچىلىك تۇرغان بولساڭلار، قادەشتىمۇ شۇنچىلىك تۇرۇپ قالدىڭلار» (دېمەك، چۆل-باياۋاندا كېزىپ يۈرگەن 38 يىلنىڭ يېرىمى، يەنى 19 يىل قادەش-بارنېئادا ئۆتكەن).\f* \b \b \m \c 2 \s1 قادەش-بارنېئادىن موئابقا بولغان سەپەر \m \v 1 ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئېيتقاندەك قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن سەپەرگە ئاتلاندۇق؛ بىز نۇرغۇن كۈنلەر سېئىر تېغى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۇق. \v 2 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ \m \v 3 «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغنى ئايلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ ئەمدى شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇڭلار. \v 4 خەلققە: ــ سىلەر سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىندىشىڭلار ئەساۋلارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان بولدۇڭلار؛ ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ، شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلىپ، \v 5 ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەتتا تاپانچىلىق يەرنىمۇ بەرمەيمەن؛ چۈنكى سېئىر تېغىنى ئەساۋغا مىراس قىلىپ بەردىم. \x + \xo 2:5 \xt يار. 36‏:8\x* \v 6 سىلەر ئۇلارغا پۇل تۆلەپ ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىڭلار، پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋېلىڭلار. \f □ \fr 2:6 \ft \+bd «سىلەر ئۇلارغا پۇل تۆلەپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەر ئۇلارغا كۈمۈش تۆلەپ...».\f* \v 7 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قولۇڭلاردىكى بارلىق ئەجىرنى بەرىكەتلەپ كەلگەن؛ ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىپايان چۆل-باياۋاندىن مېڭىپ ئۆتۈۋاتقىنىڭلاردا ھەممىنى بىلدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ قىرىق يىل سىلەر بىلەن بىللە بولدى؛ ھېچ نەرسىدىن كەم بولمىدىڭلار» ــ دېدى.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «... ئۇ سىلەرنىڭ... ئۆتۈۋاتقىنىڭلاردا ھەممىنى بىلدى»...»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم «ئۇ (خۇدا) سىلەردىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن بىز سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەساۋلارنىڭ زېمىنىدىن ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن، شۇنداقلا ئېلات ۋە ئېزىئون-گەبەردىن ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپ موئابدىكى چۆل-باياۋان يولى بىلەن ماڭدۇق. \v 9 پەرۋەردىگار ماڭا: «موئابىيلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئار شەھەر-زېمىنىنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «لۇتنىڭ ئەۋلادلىرى»\+bd* ــ دېمەك، موئابىيلار ۋە ئاممونىيلار («يار.» 30:19-38نى كۆرۈڭ).\f* \v 10 (ئەمىيلەر ئەسلىدە شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. \v 11 ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن موئابىيلار ئۇلارنى «ئەمىيلەر» دەپ ئاتايدۇ. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «رەفايىيلار» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 12 سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش). \m \v 13 \add پەرۋەردىگار:\add* «ئەمدى ھازىر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتۈڭلار» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتتۇق. \m \v 14 قادەش-بارنېئادىن ئايرىلىپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتكۈچە بولغان كۈنلەر ئوتتۇز سەككىز يىل بولدى؛ بۇ دەل خۇددى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇ دەۋردىكى جەڭچىلەر بارگاھتىن پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىدى. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «قادەش-بارنېئادىن ئايرىلىپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتكۈچە بولغان كۈنلەر ئوتتۇز سەككىز يىل بولدى...»\+bd* ــ 34:1-39نى ۋە «چۆل.» 26:14-34نى كۆرۈڭ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەن، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان بارلىق «جەڭچىلەر»نىڭ ھەممىسى («شۇ دەۋر»دە 20 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغانلار) خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىننى كۆرمەي چۆل-باياۋاندا ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.\f* \v 15 دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى بارگاھتىن يوقىتىپ تۈگەتكۈچە ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قارشى چىققانىدى. \m \v 16 ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ جەڭچىلەر ئۆلۈپ خەلق ئارىسىدىن پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كېيىن، \v 17 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ \m \v 18 «سىلەر بۈگۈن موئابنىڭ، يەنى ئارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىسىلەر. \v 19 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاممونىيلارغا يېقىن كېلىسىلەر؛ ئەمما ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى.\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «لۇتنىڭ ئەۋلادلىرى»\+bd* ــ دېمەك، موئابىيلار ۋە ئاممونىيلار («يار.» 30:19-38نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 20 (بۇ زېمىنمۇ «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئىلگىرى گىگانتلار شۇ يەردە تۇرغانىدى؛ ئاممونىيلار ئۇلارنى «زامزۇملار» دەپ ئاتايدۇ. \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «گىگانتلارنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ ياكى «رەفايىيلارنىڭ زېمىنى».\f* \v 21 ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى \add ئاممونىيلارنىڭ\add* ئالدىدا يوقىتىشى بىلەن \add ئاممونىيلار\add* ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. \v 22 پەرۋەردىگار سېئىردا تۇرغان ئەساۋلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھورىيلارنى يوقاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئەساۋلار ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. \v 23 ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى).\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «گازا»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە گازا «ئاززاھ» دېيىلىدۇ. \+bd «....كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر نېمىشقا ئىسرائىللارغا بۇ تۆت يەردىكى گىگانتلار (ئەمىيلار، ئاناكىيلار، ھورىيلار ۋە ئاۋۋىيلار)نى تىلغا ئالىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئىسرائىللارغا: «قاراڭلار، خۇدا بۇ ئېتىقادسىز خەلقلەر (ئاممونىيلار، ئەساۋلار قاتارلىق) ئالدىدا بۇ گىگانتلارنى يوقاتقان يەردە، سىلەر قانائانغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان گىگانتلار بىلەن سوقۇشۇشتىن زادى نېمىشقا قورقىسىلەر؟» دەپ رىغبەتلەندۈرمەكچى بولىدۇ. \fp كافتور ــ كرېت ئارالى.\f* \m \v 24 ــ «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار، سەپىرىڭلارغا چىقىڭلار؛ ئارنون دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار؛ مانا، مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىي سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىمۇ قولۇڭلارغا تاپشۇردۇم؛ ئىشنى باشلاڭلار، زېمىننى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ \v 25 مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ قورقۇنچۇڭلار ۋە ۋەھشىتىڭلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن تىترەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ». \b \m \s1 ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون مەغلۇپ بولىدۇ \m \v 26 شۇ چاغدا مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھونغا كەدەموت چۆلىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، تىنچلىق سالىمى يوللاپ: ــ \x + \xo 2:26 \xt چۆل. 21‏:21؛ ھاك. 11‏:19\x* \m \v 27 «بىزنىڭ زېمىنىڭدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغايسەن؛ ئوڭغا، سولغا بۇرۇلماي، پەقەتلا يولدىن چىقماي ماڭىمىز. \x + \xo 2:27 \xt چۆل. 21‏:22،21\x* \v 28 سەن ماڭا ئوزۇق-تۈلۈكنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن، سۇنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن؛ بىز پەقەتلا پىيادە مېڭىپ ئۆتىمىز، خالاس. \v 29 سېئىردا تۇرۇۋاتقان ئەساۋلار، ئاردا تۇرۇۋاتقان موئابىيلار بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك سەنمۇ بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگۈچە شۇنداق مۇئامىلە قىلغايسەن» ــ دېدىم. \m \v 30 لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق). \v 31 پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا، مەن ئالدىڭلاردا سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە تاپشۇرۇشقا باشلىدىم؛ ئىشنى باشلاڭلار، ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىشقا كىرىشىڭلار» ــ دېدى. \m \v 32 سىھون دەرۋەقە ئۆزى ۋە بارلىق خەلقى بىز بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ياھازغا چىقتى. \x + \xo 2:32 \xt چۆل. 21‏:23\x* \v 33 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭ ئۆزىنى، ئوغۇللىرىنى ۋە بارلىق خەلقىنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق. \x + \xo 2:33 \xt قان. 29‏:6\x* \v 34 شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلاردىكى بارلىق ئەركەك، قىز-ئايال ۋە بالىلارنى بىرىنىمۇ قويماي يوقاتتۇق؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى تىرىك قويمىدۇق. \f □ \fr 2:34 \ft \+bd «...بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق»\+bd* ــ «ھالاك قىلدۇق» دېگەن سۆزلەر خۇدانىڭ بۇيرۇشى بىلەن مەلۇم بىر ئەل، شەھەر ياكى ھەرتۈرلۈك نەرسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 35 بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە ئىشغال قىلغان شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. \m \v 36 ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە شۇ يەردىكى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ گىلېئادقىچە ھېچقانداق شەھەر بىزگە تەڭ كېلەلمىدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. \f □ \fr 2:36 \ft \+bd «ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە شۇ يەردىكى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەر، يەنى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ...». \+bd «ھېچقانداق شەھەر بىزگە تەڭ كېلەلمىدى»\+bd* ــ ياكى «بىزگە نىسبەتەن ھېچ شەھەر سېپىلى ئېگىز كەلمىدى».\f* \v 37 ھالبۇكى، سىلەر ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا، چېگرىسى بولغان پۈتكۈل ياببوك ۋادىسىغا، تاغدىكى شەھەرلەرگە ياكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە مەنئى قىلغان ھەرقايسى يەرگە يېقىنلاشمىدىڭلار. \b \b \m \c 3 \s1 باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى \m \v 1 ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا بارىدىغان يول بىلەن چىقىپ ماڭدۇق؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە بارلىق خەلقى بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە چىقتى. \x + \xo 3:1 \xt چۆل. 21‏:33؛ قان. 29‏:6\x* \v 2 پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى.\x + \xo 3:2 \xt چۆل. 21‏:34\x* \m \v 3 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق. \v 4 شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدۇق؛ بىز ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىن ئىگىلىمىگەن بىرسىمۇ قالمىدى. بۇلار باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى، يەنى پۈتكۈل ئارگوب رايونى بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش شەھەر ئىدى. \v 5 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. \v 6 بىز ئۇلارنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغىنىمىزدەك تەلتۆكۈس يوقاتتۇق ــ بارلىق شەھەرلەر، ئەرلەر، ئايال-بالىلارنى قويماي ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق. \f □ \fr 3:6 \ft \+bd «تەلتۆكۈس يوقىتىش»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز خۇدانىڭ بۇيرۇشى بىلەن مەلۇم بىر ئەل، شەھەر ياكى ھەرتۈرلۈك نەرسىنى تولۇق يوقىتىشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 7 بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن بارلىق چارۋا-ماللارنى ۋە شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. \m \v 8 شۇ چاغدا بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ قولىدىن زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن ھەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە»\f* \v 9 (ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛ \v 10 بىز يەنە تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر، پۈتكۈل گىلېئاد ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىدىكى سالىكاھ ۋە ئەدرەي شەھەرلىرىگىچە، باشاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىدۇق \v 11 (شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان).\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «گىگانتلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «رەفايىيلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن». \+bd «ئۇنىڭ كارىۋىتى»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ مېيىت ساندۇقى». \+bd «گەز»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز»نى بەلكىم بىر «جەينەك» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنى ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى. مۇشۇ يەردە «گەز» «گىگانتلار»نىڭ جەينىكى بىلەن ئەمەس، «ئادەتتىكى ئادەم»نىڭ جەينىكى بىلەن ھېسابلىنىدۇ.\f* \m \v 12 بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛ \x + \xo 3:12 \xt چۆل. 32‏:33\x* \v 13 گىلېئادنىڭ قالغان زېمىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى بولغان پۈتكۈل باشاننى مەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم (پۈتكۈل ئارگوب رايونى، يەنى پۈتكۈل باشان «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «گىگانتلارنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ ياكى «رەفايىيلارنىڭ زېمىنى».\f* \v 14 ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا). \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «ھاۋۋوت-يائىر»\+bd* ــ يەنى «يائىرنىڭ يېزا-كەنتلىرى». يائىر ماناسسەھنىڭ ئەۋلادى.\f* \v 15 گىلېئادنى بولسا مەن ماكىرغا تەقدىم قىلدىم. \v 16 رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛ \v 17 يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «كىننەرەت كۆلى»\+bd* ــ «كىننەرەت كۆلى» كېيىن «گالىلىيە دېڭىزى»، «تىبېرىئۇس دېڭىزى» دەپمۇ ئاتالغان. «كىننەرەت»نىڭ مەنىسى «چىلتار» ــ كۆلنىڭ شەكلى چىلتارسىماندۇر. \+bd «تۇز دېڭىزى»\+bd* ــ يەنى «ئۆلۈك دېڭىز».\f* \b \m \s1 ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئىككى يېرىم قەبىلىگە بولغان كۆرسەتمىلەر \m \v 18 مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ \m پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تەئەللۇقاتىڭلار بولسۇن دەپ ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغان؛ ئاراڭلاردىكى جەڭچىلەر جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغان ھالدا قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار؛ \x + \xo 3:18 \xt چۆل. 32‏:20\x* \v 19 پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛ \v 20 پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرنىڭ ئارام ئالغىنىڭلاردەك ئارام بەرگۈچە، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلىگۈچە ئۇلار بىلەن بىرگە \add جەڭ قىلىڭلار\add*؛ ئاندىن سىلەر ھەربىرىڭلار مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان ئۆز تەئەللۇقاتىڭلارغا قايتىسىلەر» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. \m \v 21 شۇ چاغدىمۇ مەن يەشۇئاغا: «سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ؛ پەرۋەردىگار سەن بارىدىغان يەردىكى پادىشاھلىقلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ. \x + \xo 3:21 \xt چۆل. 27‏:18\x* \v 22 سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. \m \v 23 شۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ: ــ \m \v 24 «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز قۇلۇڭغا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭنى ئايان قىلىشقا كىرىشتىڭ؛ چۈنكى مەيلى ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا بولسۇن سېنىڭ قىلغانلىرىڭغا ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭگە تەڭ كەلگۈدەك شۇنداق ئىلاھ بارمۇ؟ \x + \xo 3:24 \xt 1سام. 2‏:2؛ زەب. 89‏:7، 8، 9\x* \v 25 سەندىن ئۆتۈنۈمەنكى، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى ياخشى زېمىننى ــ شۇ ياخشى تاغلىقنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن»، ــ دېدىم. \m \v 26 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار تۈپەيلىدىن ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى، بەلكى ماڭا: «بولدى، بەس! بۇ ئىشنى ئالدىمدا ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولما. \f □ \fr 3:26 \ft \+bd «...پەرۋەردىگار ... سەۋەبىڭلار ... ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى»\+bd* ــ «چۆل.» 1:20-13نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:26 \xt قان. 1‏:37؛ 31‏:2؛ 34‏:4\x* \v 27 سەن پىسگاھنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن مەغرىبكە، شىمالغا، جەنۇبقا ۋە مەشرىققە تىكىلىپ قارا؛ چۈنكى سەن مۇشۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن. \v 28 يەشۇئاغا ۋەزىپىنى تاپىلىغىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەكلىك قىل؛ چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سەن كۆرىدىغان شۇ زېمىنغا ئۇلارنى ئىگە قىلغۇزىدۇ» ــ دېدى. \m \v 29 شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق. \b \b \m \c 4 \s1 ئەھدىدە كۆرسىتىلگەن ئىمتىيازلار ــ مۇسا سۆزىنى داۋام قىلىدۇ \m \v 1 ــ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، مەن سىلەرگە ئۆگىتىدىغان مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار ھاياتلىق تاپىسىلەر ۋە شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە تەقسىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. \x + \xo 4:1 \xt لاۋ. 19‏:37؛ 20‏:8؛ 22‏:31\x* \v 2 مەن سىلەرگە تاپشۇرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان سۆزگە ھېچنېمىنى قوشماڭلار ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. \x + \xo 4:2 \xt قان. 13‏:1؛ پەند. 30‏:6؛ ۋەھ. 22‏:18\x* \m \v 3 سىلەر ئۆز كۆزلىرڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر؛ چۈنكى بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن يوقاتتى؛ \f □ \fr 4:3 \ft \+bd «بائال-پېئور»\+bd* ــ بىر خىل بۇت. «چۆل.» 25-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر»\+bd* ــ «چۆل.» 25-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:3 \xt چۆل. 25‏:4؛ يە. 22‏:17\x* \v 4 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چىڭ باغلانغانلاردىن ھەربىرىڭلار بۈگۈنگە قەدەر ھايات تۇرۇۋاتىسىلەر. \m \v 5 مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم. \v 6 سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» ــ دەيدۇ. \v 7 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغان ھەربىر تىلەكلىرىمىزدە بىزگە يېقىن تۇرغىنىدەك، ئۆزىگە يېقىن تۇرغان بىر خۇداسى بولغان بىزگە ئوخشاش باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ \x + \xo 4:7 \xt قان. 26‏:19\x* \v 8 مەن ئالدىڭلارغا قويغان مۇشۇ پۈتكۈل قانۇندىكىدەك ئادىل بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئىگە بولغان سىلەردەك باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ \b \m \s1 ھورەبتىكى ئەھدە توغرۇلۇق ئەسلىتىپ-ئاگاھلاندۇرۇش \m \v 9 ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى \add ئېزىشتىن\add* ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛ \x + \xo 4:9 \xt قان. 6‏:7؛ 11‏:19\x* \v 10 سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» ــ دېگەنىدى. \v 11 سىلەر يېقىن كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار؛ بۇ تاغنىڭ ئوتى ئاسمانلارنىڭ باغرىغىچە كۆيۈپ يەتتى، ھەمدە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇتلار ۋە سۈر تاغنى قاپلىدى؛ \x + \xo 4:11 \xt مىس. 19‏:18\x* \v 12 پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار. \v 13 ۋە ئۇ شۇ چاغدا سىلەرگە ئەمر قىلغان ئەھدىسىنى، يەنى «ئون ئەمر»نى ئايان قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تاش تاختاي ئۈستىگە پۈتتى. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئون ئەمر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئون سۆز».\f* \v 14 ۋە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلىپ، سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا ئۇلارنى ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگىتىشنى تاپىلىدى. \m \v 15 ئۆزۈڭلارغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭلاركى (چۈنكى پەرۋەردىگار ھورەب تېغىدا ئوت ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلغاندا ھېچقانداق شەكىلنى كۆرمىگەنسىلەر)، \v 16‏-18 ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، مەيلى ئەركەك ياكى ئايال سۈرىتىدە، مەيلى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق ھايۋان ياكى ئاسماندا ئۇچىدىغان ھەرقانداق قۇش بولسۇن، مەيلى يەر يۈزىدە ھەرقانداق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردىكى ھەرقانداق بېلىق بولسۇن، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدە ھېچقانداق شەكىل-قىياپەتتىكى ئويما بۇتنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياسىماڭلار، \v 19 ياكى شۇنىڭدەك، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا قاراپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، يەنى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇننى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭلار مايىل بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىپ قۇللۇقىغا كىرمەڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان. \f □ \fr 4:19 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان»\+bd* ــ «ساماۋى قوشۇن» دېگەن سۆز (1) كۈن، ئاي ۋە نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلارنى؛ (2) بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەرىشتىلەر ياكى ئاسماندىكى روھىي كۈچلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتىن بىلىمىزكى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋە بەلكىم ئاسماندىكى يامان كۈچلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار («زەب.» 4:147، «ئايۇپ» 4:38-7، «ۋەھ.» 4:12نى كۆرۈڭ). \fp بۇ ئايەتتىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا خۇدا (1) كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى (يەر يۈزىدىكىلەرگە نۇر ۋە تەپت بېرىش، يولۇچىلار ئۈچۈن يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق)نى كۆزلەپ ياراتتى؛ (2) ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ساماۋى كۈچلەر خۇداغا خاس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەييار تۇرىدۇ («ئىبر.» 14:1نى كۆرۈڭ)؛ (3) خۇدا \+bd ئۆزىگە خاس بەندىلىرى\+bd*دىن (مۇشۇ يەردە ئىسرائىلدىن) خەۋەر ئالغاندا پەقەت پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەملىشىپلا قالماي، بەلكى ئۆزى شەخسەن ھالىنى سورايدۇ.\f* \v 20 لېكىن سىلەرنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆز مىراسى بولغان بىر خەلق بولۇشۇڭلار ئۈچۈن «تۆمۈر تاۋلاش خۇمدانى»دىن، يەنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. \x + \xo 4:20 \xt مىس. 19‏:5\x* \v 21 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن ماڭا غەزەپلىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئاتا قىلىدىغان ياخشى زېمىن توغرىسىدا: ــ «سەن شۇ يەرگە كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن» دەپ قەسەم قىلدى. \x + \xo 4:21 \xt قان. 1‏:37؛ 3‏:26؛ 31‏:2؛ 34‏:4\x* \v 22 شۇڭا مەن مۇشۇ زېمىندا ئۆلۈشۈم مۇقەررەر؛ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيمەن؛ بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شۇ ياخشى زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. \m \v 23 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مەنئى قىلغان ئويما بۇتنى ياكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ شەكىل-قىياپىتىنى ياسىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار. \v 24 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر.\f □ \fr 4:24 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ... ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر»\+bd* ــ مۇشۇ «ھەسەت» ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك يىرگىنچلىك بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا قاراپ مۇقەددەس روھنىڭ «ئىبادەت پەقەت خۇداغىلا مەنسۇپ بولۇش كېرەك» دەپ بۇتلارغا ياكى بۇتلارنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتقان جىن-شەيتانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە بولغان ھەسىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېما توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:24 \xt مىس. 20‏:5؛ 34‏:14؛ قان. 5‏:9؛ 6‏:15؛ 9‏:3؛ ئىبر.12‏:29 \x* \b \m \s1 ئەھدىدىن يېنىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىڭ بەرىكىتى \m \v 25 سىلەر پەرزەنتلەر، پەرزەنتىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ، زېمىندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، بىرخىل شەكىل-قىياپەتتە بولغان ئويما بۇتنى ياسىغان، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى رەنجىتىپ ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بولساڭلار، \v 26 مەن ئاسمان-زېمىننى ئۈستۈڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىگىلەيدىغان شۇ زېمىندىن تېزلا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ياشىغان كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولمايدۇ، سىلەر بەلكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. \v 27 پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىغا تارقىتىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى ھەيدىشى بىلەن سىلەر شۇ ئەللەر ئارىسىدا كىچىك بىر قالدۇق بولىسىلەر. \x + \xo 4:27 \xt قان. 28‏:64،62\x* \v 28 سىلەر شۇ يەرلەردە تۇرۇپ ياغاچتىن ياكى تاشتىن ياسالغان، نە كۆرەلمەيدىغان، نە ئاڭلىيالمايدىغان، نە يېمەيدىغان، نە پۇرالمايدىغان، پەقەت ئىنساننىڭ قولىنىڭ ياسىغىنى بولغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر. \x + \xo 4:28 \xt زەب. 115‏:4-7؛ 135‏:15-17\x* \v 29 سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. \v 30 سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. \v 31 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ. \m \v 32 ئەمدى، سىلەردىن ئىلگىرى، خۇدا ئىنساننى يەر يۈزىدە ياراتقان كۈنىدىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلەر توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە سۈرۈشتە قىلىڭلاركى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ \v 33 سىلەرگە ئوخشاش، خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىرىك قالغان باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ \m \v 34 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدا قىلغانلىرىدەك، قىيىن سىناقلار بىلەن، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن، كارامەتلەر بىلەن، ئۇرۇش بىلەن، كۈچلۈك قول ھەم ئۇزىتىلغان بىلەك بىلەن ۋە دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى يات بىر ئەلنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟ \f □ \fr 4:34 \ft \+bd «...كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟»\+bd* ــ «كېلىپ» دېگەن سۆز خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزى شەخسەن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «...دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى ... ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «....دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن باشقا بىر خەلقنى... ئۆزىگە خاس قىلىشى ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققان بىر ئىلاھ بارمۇ؟».\f* \v 35 پەرۋەردىگارلا خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوقتۇر، دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بۇ \add ئۇلۇغ\add* ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىنغانسىلەر. \x + \xo 4:35 \xt قان. 32‏:39؛ يەش. 45‏:22،18،5؛ مار.12‏:32،29\x* \v 36 سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسمانلاردىن سىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى؛ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى كۆرسەتتى؛ سىلەر شۇ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار. \m \v 37 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا باغلىغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىلەرنى مىسىردىن شەخسەن ئۆزى زور قۇدرىتى بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقاردى؛ \f □ \fr 4:37 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كېيىنكى نەسلىنى». \+bd «شەخسەن ئۆزى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزىنىڭ يۈزى بىلەن».\f*  \x + \xo 4:37 \xt مىس. 13‏:14،9،3\x* \v 38 ئۇ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۆزۈڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ، سىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك سىلەرگە مىراس قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلغاندۇر. \v 39 شۇڭا بۈگۈن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى ۋە كۆڭلۈڭلارنى شۇنىڭغا بۆلۈڭلاركى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدىكى ئاسمانلاردا بولسۇن، ئاستىدىكى يەر-زېمىندا بولسۇن خۇدادۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىرى يوقتۇر. \v 40 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار». \b \m \s1 مۇسا پەيغەمبەر «پاناھلىق شەھەر»لەرنى ئايرىپ بېكىتىدۇ •••• تەپسىلاتلىرى «چۆل.» 6:35-34دە كۆرسىتىلىدۇ \m \v 41 ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ بېكىتتى؛ \x + \xo 4:41 \xt چۆل. 35‏:14،6\x* \v 42 مەقسىتى، ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى بولماي، تاسادىپىي قوشنىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۆلتۈرگەن كىشى شۇ يەرلەرگە، يەنى شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىپ ئامان-ئېسەن قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. \v 43 بۇ شەھەرلەر بولسا: ــ رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىدىن چۆل-باياۋاندىكى بەزەر، گادلارنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموت، ماناسسەھلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاندىن ئىبارەت ئىدى.\x + \xo 4:43 \xt يە. 20‏:8\x* \b \m \s1 ئەھدىنىڭ قايتا جاكارلىنىشى \m \v 44 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا قويغان قانۇن مانا تۆۋەندىكىدەك: ــ \m \v 45 (بۇلار بولسا ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا مۇسا \add پەيغەمبەر\add* ئۇلارغا جاكارلىغان ئاگاھ-گۇۋاھلار، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر؛ \v 46 مۇسا ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا ئامورىيلارنىڭ ھەشبون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگەنىدى؛ مۇسا بۇ ئەمرلەرنى سىھوننىڭ زېمىنىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا ئىسرائىللارغا جاكارلىغان. \f □ \fr 4:46 \ft \+bd «شەرق تەرىپىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ تەرىپىدە».\f*  \x + \xo 4:46 \xt چۆل. 21‏:24؛ قان. 1‏:4 \x* \v 47 شۇ چاغدا ئىسرائىللار \add سىھوننىڭ\add* ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ زېمىنىنىمۇ ئىگىلىگەنىدى؛ \x + \xo 4:47 \xt چۆل. 21‏:33؛ قان. 3‏:3\x* \v 48 ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىئون (يەنى ھەرمون) تېغىغىچە، \v 49 شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى).\f □ \fr 4:49 \ft \+bd «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۆلۈك دېڭىز»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 5 \s1 ئەھدىگە شەرھ بېرىش ــ كىرىش سۆز \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى ئىسرائىل، مەن بۈگۈن قۇلاقلىرىڭلارغا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! \m \v 2 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىز بىلەن ھورەب تېغىدا ئەھدە تۈزدى. \x + \xo 5:2 \xt مىس. 19‏:5\x* \v 3 بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن، يەنى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك قالغان بىزلەر بىلەن تۈزدى. \v 4 تاغدا ئوت ئىچىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەنىدى \v 5 (شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار).\x + \xo 5:5 \xt مىس. 19‏:16؛ 20‏:18\x* \b \m \s1 ئون ئەمر \m \v 6 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن.\x + \xo 5:6 \xt مىس. 20‏:2-21؛ زەب. 81‏:10\x* \m \v 7 سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. \m \v 8 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما؛ \f □ \fr 5:8 \ft \+bd «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... شەكلىدە... ياسىما»\+bd* ــ بۇ ئەمرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئادەملەر چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسىغان ھەرقانداق شەكىللەردۇر. باشقا مەقسەتلەر بىلەن ياسىغان شەكىللەر توغرۇلۇك سۆز يوق.\f* \v 9 سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن. \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن»\+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «مىسىردىن چىقىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (5:20، 7:34 توغرۇلۇق)، شۇنداقلا «ئەزاكىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (18-، 33-بابلار توغرۇلۇق) كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:9 \xt مىس. 20‏:5؛ 34‏:14،7؛ يەر. 32‏:18\x* \v 10 ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن.\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «مىڭ ئەۋلادىغىچە...»\+bd* ــ ئەسلىدە «مىڭلىغان ئەۋلادىغىچە...». \fp ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغان مىڭلىغانلىرىغا ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن». بىراق 9:7نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 11 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ.\x + \xo 5:11 \xt لاۋ. 19‏:12؛ مات. 5‏:33\x* \m \v 12 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇت، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. \x + \xo 5:12 \xt يار. 2‏:2؛ مىس. 23‏:12؛ 35‏:2؛ لاۋ. 23‏:3؛ ئ‍ەز. 20‏:12؛ ئىبر. 4‏:4 \x* \v 13 ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ \v 14 لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر. سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ، مەيلى ئېشىكىڭ، مەيلى ھەرقانداق باشقا ئۇلىغىڭ، ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇلۇڭ ۋە دېدىكىڭ سەندەك ئارام ئالالايدۇ. \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «شابات كۈنى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شابات» ۋە «يەتتىنچى» دېگەنلەر ئاھاڭداش سۆز. \+bd «سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 15 سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سېنى شۇ يەردىن چىقارغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا شابات كۈنىنى تۇتۇشنى ئەمر قىلغان. \m \v 16 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ھالىڭ ياخشى بولىدۇ.\x + \xo 5:16 \xt لاۋ. 19‏:3؛ مات. 15‏:4؛ لۇقا 18‏:20؛ ئ‍ەف. 6‏:2، 3\x* \m \v 17 قاتىللىق قىلما.\x + \xo 5:17 \xt مات. 5‏:21؛ لۇقا 18‏:20؛ رىم. 13‏:9 \x* \m \v 18 ھەم زىنا قىلما.\x + \xo 5:18 \xt لۇقا 18‏:20\x* \m \v 19 ھەم ئوغرىلىق قىلما. \m \v 20 ھەم قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.\f □ \fr 5:20 \ft \+bd «قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە «قوشناڭ» خۇدا بىزنىڭ يېنىمىزغا يېقىن قىلغان ھەربىر ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 21 ھەم قوشناڭنىڭ ئايالىنى تەمە قىلما ۋە نە ئۇنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئېتىزى، ئۇنىڭ قۇلى، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما».\x + \xo 5:21 \xt رىم. 7‏:7\x* \m \v 22 ــ بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار تاغدا، ئوت، بۇلۇت ۋە سۈرلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن سىلەرنىڭ پۈتكۈل جامائىتىڭلارغا ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ھېچ باشقا \add سۆزلەرنى\add* قوشمىغان؛ ئۇ ئۇلارنى ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈپ ماڭا تاپشۇردى. \x + \xo 5:22 \xt قان. 9‏:10، 11\x* \m \v 23 ۋە شۇنداق بولدىكى، قاراڭغۇلۇقتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ۋە ئوتلۇق تاغ كۆيگىنىدە سىلەر، يەنى قەبىلە باشلىقلىرىڭلار ۋە ئاقساقاللىرىڭلار يېنىمغا كېلىپ: ــ \m \v 24 «مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى ۋە بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئوت ئوتتۇرىسىدىن ئاڭلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. \v 25 ئەمدى بىز جېنىمىزغا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى مۇشۇ دەھشەتلىك ئوت بىزنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋەرسەك ئۆلۈپ كېتىمىز. \v 26 چۈنكى ئەت ئىگىلىرىدىن ھايات ئىگىسى خۇدانىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىزدەك تىرىك تۇرۇۋاتقانلاردىن كىم بار؟ \x + \xo 5:26 \xt قان. 4‏:33؛ ھاك. 13‏:22\x* \v 27 سەن ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغىن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ساڭا سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىمىز» ــ دېدىڭلار.\x + \xo 5:27 \xt مىس. 20‏:19؛ ئىبر. 12‏:19\x* \m \v 28 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ بۇ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرى دۇرۇستۇر. \v 29 كاشكى ئۇلاردا مەندىن قورقۇپ، ئەمرلىرىمنى ئىزچىل تۇتىدىغان بىر قەلب بولسىدى، ئۇلارنىڭ ھالى ۋە بالىلىرىڭنىڭ ھالى مەڭگۈگە ياخشى بولاتتى! \v 30 سەن بېرىپ ئۇلارغا: «چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار» ــ دېگىن. \v 31 سەن بولساڭ يېنىمدا تۇرغىن؛ مەن سېنىڭ ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭ كېرەك بولغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەۋەلىك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا تۇرۇپ بۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولىدۇ. \m \v 32 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار! \v 33 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق يوللىرىدا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان زېمىندا تۇرۇپ كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ».\f □ \fr 5:33 \ft \+bd «... ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ»\+bd* ــ خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرى بۇ مەقسەتتىدۇر. بۇ تېما «قانۇن شەرھى»دىكى كۆپ يەرلەردە كۆرۈلىدىغان بىر تېمىدۇر.\f* \b \b \m \c 6 \s1 خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ جەۋھىرى ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ بەخت-بەرىكىتى \m \v 1 «مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر \add دەريادىن\add* ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر: ــ \m \v 2 (شۇنىڭ بىلەن سىلەر، يەنى سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭ بارلىق تىرىك كۈنلىرىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، مەن سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بارلىق بەلگىلىمە ۋە ئەمرلىرىنى تۇتىسىلەر، شۇنداقلا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر. \v 3 سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ \m \v 4 ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛ \f □ \fr 6:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر»\+bd* ــ «\+bd بىرلىك\+bd*» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئەقاد» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئادەتتە ئىككى ياكى بىرنەچچە نەرسىنىڭ بىر گەۋدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ («يار.» 24:2، «مىس.» 3:24 قاتارلىقلار). \fp باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇر، پەرۋەردىگار بىردۇر».\f*  \x + \xo 6:4 \xt قان. 4‏:35؛ مار. 12‏:29؛ يـۇھ. 17‏:3؛ 1كور. 8‏:4، 6\x* \v 5 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.\x + \xo 6:5 \xt قان. 10‏:12؛ مات. 22‏:37؛ لۇقا 10‏:27\x* \m \v 6 مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ \v 7 سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛ \x + \xo 6:7 \xt قان. 4‏:9؛ 11‏:19\x* \v 8 ئۇلارنى قولۇڭغا \add ئەسلەتمە\add*-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛ \v 9 سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن. \m \v 10 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭغا باشلىغاندا، ــ ئۆزۈڭ قۇرمىغان ئۇلۇغ ۋە ئېسىل شەھەرلەرگە، \v 11 ئۆزۈڭ بىساتلىق قىلمىغان ئاللىقاچان ئېسىل بىساتلىق قىلىنغان ئۆيلەرگە، ئۆزۈڭ كولىمىغان، ئاللىقاچان كولانغان قۇدۇقلارغا، ئۆزۈڭ تىكمىگەن ئۈزۈمزارلار ۋە زەيتۇنزارلارغا مۇيەسسەر قىلىنىشىڭ بىلەن سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، \x + \xo 6:11 \xt قان. 8‏:10،9\x* \v 12 ــ ئەينى چاغدا سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇشتىن ھېزى بول. \v 13 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن. \x + \xo 6:13 \xt قان. 10‏:20؛ مات. 4‏:10؛ لۇقا 4‏:8\x* \v 14 سىلەر باشقا ئىلاھلار، يەنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنى قەتئىي ئىزدىمەڭلار؛ \v 15 چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇر. \add ئەگەر شۇنداق قىلساڭ\add* پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ غەزىپى ساڭا قوزغىلىپ، ئۇ سېنى يەر يۈزىدىن يوقاتماي قالمايدۇ. \m \v 16 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار. \f □ \fr 6:16 \ft \+bd «سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار»\+bd* ــ «مىس.» 2:17-7نى كۆرۈڭ. «ماسساھ» دېگەننىڭ مەنىسى «سىناش».\f*  \x + \xo 6:16 \xt مىس. 17‏:2؛ چۆل. 20‏:3؛ مات. 4‏:7؛ لۇقا 4‏:12 \x* \v 17 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى، سىلەرگە تاپىلىغان گۇۋاھ-ھۆكۈملىرى ۋە بەلگىمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇڭلار. \m \v 18 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر، \v 19 شۇنداقلا پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغاندەك بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىسىلەر. \b \m \s1 كېيىنكى دەۋرلەرنى ئەسلىتىش \m \v 20 كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز سىلەرگە تاپىلىغان ئاگاھ-گۇۋاھ، بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەر نېمە؟» دەپ سورىسا، \v 21 سەن ئوغلۇڭغا مۇنداق دەيسەن: «بىز ئەسلىدە مىسىردا پىرەۋننىڭ قۇللىرى ئىكەنمىز؛ بىراق پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن كۈچلۈك بىر قول بىلەن چىقارغان. \v 22 پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛ \v 23 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى باشلاپ كىرىشكە شۇ يەردىن يېتەكلەپ چىقارغان. \v 24 پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛ \v 25 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ». \b \b \m \c 7 \s1 بۇتپەرەس ئەل-مىللەتلەرنى زېمىندىن يوقىتىش \m \v 1 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ. \x + \xo 7:1 \xt قان. 31‏:3\x* \v 2 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. \f □ \fr 7:2 \ft \+bd «...ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئەمر (ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بارلىق ئەمرلەر) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:2 \xt مىس. 23‏:32؛ 34‏:15؛ چۆل. 33‏:52؛ يە. 11‏:11 \x* \v 3 سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ \x + \xo 7:3 \xt مىس. 34‏:16؛ 1پاد. 11‏:2\x* \v 4 چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. \m \v 5 سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ \f □ \fr 7:5 \ft \+bd «ئاشەراھ»\+bd* ــ «ئايال بۇتلار»، بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 7:5 \xt مىس. 23‏:24؛ 34‏:13؛ قان. 12‏:2، 3\x* \v 6 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان. \x + \xo 7:6 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 4‏:20؛ 14‏:21؛ 26‏:18؛ 28‏:9؛ 1پېت. 2‏:9\x* \v 7 پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار، \v 8 پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان. \f □ \fr 7:8 \ft \+bd «ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ ...چىقارغان»\+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 7:8 \xt قان. 10‏:15\x* \v 9 شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ \x + \xo 7:9 \xt مىس. 20‏:5؛ قان. 5‏:9\x* \v 10 لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ. \x + \xo 7:10 \xt ناھ. 1‏:2\x* \v 11 سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار. \b \m \s1 ئەھدىنى تۇتۇشنىڭ بەخت-بەرىكەتلىرى \m \v 12 چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ \x + \xo 7:12 \xt لاۋ. 26‏:3؛ قان. 28‏:1\x* \v 13 سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ. \f □ \fr 7:13 \ft \+bd «پەرزەنتلىرىڭ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 14 سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛ \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سەن» دېگەن سۆز خۇدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى بىر ئادەمدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا بىر گەۋدە سۈپىتىدە سۆزلەيدۇ. \+bd «ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاراڭدا، مەيلى ئەركەكلەر مەيلى ئاياللاردا ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا....».\f*  \x + \xo 7:14 \xt مىس. 23‏:26\x* \v 15 پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ. \b \m \s1 ئاراڭلاردىكى بارلىق بۇتپەرەسلىك ئىز-قالدۇقلىرىنى يوقىتىش كېرەك \m \v 16 سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ. \f □ \fr 7:16 \ft \+bd «ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ئۇلارنى ھېچ ئايىمىسۇن...».\f* \v 17 ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ، \v 18 ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن، \v 19 ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. \x + \xo 7:19 \xt قان. 4‏:34؛ 29‏:3\x* \v 20 ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ \f □ \fr 7:20 \ft \+bd «سېرىق ھەرە»\+bd* ــ ئادەتتىكى ھەرىدىن تېخىمۇ چوڭ ۋە چاققاق بىرخىل ھەرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 7:20 \xt مىس. 23‏:28؛ يە. 24‏:12\x* \v 21 سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر. \v 22 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن. \m \v 23 لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. \v 24 ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ. \v 25 سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر. \v 26 سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر. \b \b \m \c 8 \s1 پەرۋەردىگارنىڭ تەمىناتلىرىنى ئەسلەش \m \v 1 مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا سىلەر ھايات بولىسىلەر، كۆپىيىسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. \v 2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن. \v 3 دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. \f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ماننا»\+bd* ــ بۇ ئىش توغرۇلۇق «مىس.» 16-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «... خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن بارلىق چىققانلىرى». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئادەمئاتا ئەسلىدە «خۇدانىڭ نەپىسى» بىلەن ھاياتقا ئېرىشتى.\f*  \x + \xo 8:3 \xt مىس. 16‏:15،14؛ مات. 4‏:4؛ لۇقا 4‏:4\x* \v 4 بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى. \x + \xo 8:4 \xt قان. 29‏:6؛ نەھ. 9‏:21\x* \v 5 سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ \f □ \fr 8:5 \ft \+bd «سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن قەلبىڭدە شۇنى بىلگىنكى...»\f* \v 6 شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن. \v 7 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ياخشى بىر زېمىنغا ــ ئېرىق-ئېقىنلىرى، بۇلاقلىرى ۋە جىلغا-دۆڭلەردە ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇلىرى بار بىر زېمىنغا ــ \v 8 بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا، \v 9 ــ سەن ھېچنېمىدىن كەملىك تارتماي ئوزۇقلۇق يەيدىغان بىر زېمىنغا ــ تاشلىرى تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولايدىغان بىر زېمىنغا يېتەكلەپ كىرىدۇ؛ \v 10 سەن شۇ يەردە يەپ تويۇنىسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شۇ ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىسەن.\x + \xo 8:10 \xt قان. 6‏:12،11\x* \m \v 11 مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىنى تۇتماسلىقتىن، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھېزى بول؛ \v 12 بولمىسا، سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئېسىل ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۇلاردا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، \v 13 كالا-قوي پادىلىرىڭ كۆپىيىپ، ئالتۇن-كۈمۈشۈڭ، شۇنداقلا سېنىڭ بارلىقىڭ كۆپەيگەندىن كېيىن، \v 14 كۆڭلۈڭ مەغرۇرلىنىپ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ئۇنتۇيسەن؛ \v 15 (ئۇ سېنى بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆل-باياۋاندىن، يەنى زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلار قاپلاپ كەتكەن، سۇسىراپ قاغجىراپ كەتكەن بىر چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ چىققان، شۇ يەردە ساڭا چاقماق تېشىدىن سۇ چىقىرىپ بەرگەن، \f □ \fr 8:15 \ft \+bd «زەھەرلىك يىلانلار...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئوتلۇق يىلانلار».\f*  \x + \xo 8:15 \xt مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 78‏:15-16؛ 114‏:8\x* \v 16 سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت-بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان) \x + \xo 8:16 \xt مىس. 16‏:15،14\x* \v 17 ــ ئەگەر ئۇنى ئۇنتۇساڭ، كۆڭلۈڭدە: «ئۆز كۈچۈم، ئۆز قولۇمنىڭ قۇدرىتى مېنى مۇشۇ دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن» دېيىشىڭ مۇمكىن. \v 18 شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزى سېنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قۇدرەتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان ئەھدىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەھكەم قىلىدۇ. \v 19 ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر. \v 20 پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر. \b \b \m \c 9 \s1 خۇدانىڭ ئەللەرنى قانائان زېمىنىدىن ھەيدىشىنىڭ سەۋەبى \m \v 1‏-2 ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن). \x + \xo 9:1‏-2 \xt چۆل. 13‏:33،32 \x* \v 3 سەن بۈگۈنكى كۈندە شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇ يالماپ يۇتقۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مۇشۇ ئەللەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئالدىڭدا ئۇلارنى تېزدىن يىقىتىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىگىلەپ، پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقاندەك ئۇلارنى تېزدىن يوقىتىسەن. \x + \xo 9:3 \xt قان. 4‏:24؛ ئىبر. 12‏:29 \x* \v 4 پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالدىڭدىن ھەيدىگەندە سەن كۆڭلۈڭدە: «ھەققانىيلىقىم سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار مېنى زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەكلەپ كىردى» دېمىگىن؛ بەلكى شۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. \v 5 سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىشىڭ سېنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن ياكى كۆڭلۈڭنىڭ دۇرۇسلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكىدىن ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قەسەم قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈنمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. \x + \xo 9:5 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 15‏:7؛ 17‏:8؛ 26‏:4؛ 28‏:13 \x* \v 6 ئەمدى شۇنى بىلىپ قويغىنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ ياخشى زېمىننى ساڭا مىراس قىلغىنى سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن ئەمەس، چۈنكى سەن ئەسلى بوينى قاتتىق بىر خەلقسەن. \b \m \s1 ئىسرائىلنىڭ جاھىللىقى \m \v 7 ئەمدى سېنىڭ چۆل-باياۋاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭنى ئېسىڭدە تۇتقىن ــ ئۇنى ئۇنتۇما. سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈندىن بېرى تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭ. \x + \xo 9:7 \xt مىس. 14‏:11؛ 16‏:2؛ 17‏:2؛ چۆل. 11‏:4 \x* \v 8 سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاچچىقلىنىپ، سىلەرنى ھالاك قىلماقچى بولدى. \x + \xo 9:8 \xt مىس. 32‏:4؛ زەب. 106‏:19-21\x* \v 9 شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛\x + \xo 9:9 \xt مىس. 24‏:18؛ 34‏:28\x* \v 10 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز بارمىقى بىلەن پۈتكەن ئىككى تاختاينى تاپشۇردى؛ ئۇلاردا پەرۋەردىگار تاغدا ئوت ئىچىدە سىلەرگە سۆزلىگەن چاغدا، جامائەت يىغىلغان كۈنى ئېيتقان بارلىق سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى. \f □ \fr 9:10 \ft \+bd «ئۆز بارمىقى بىلەن پۈتكەن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن پۈتكەن».\f*  \x + \xo 9:10 \xt مىس. 31‏:18\x* \v 11 ۋە شۇنداق بولدىكى، قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى تاش تاختاي، يەنى ئەھدە تاختايلىرىنى بەردى. \v 12 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مۇشۇ يەردىن چۈشكىن؛ چۈنكى سەن مىسىردىن چىقارغان خەلقىڭ ئۆزلىرىنى بۇلغىدى؛ ئۇلار تېزلا مەن ئۇلارغا تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ ئۆزلىرىگە قۇيما بىر بۇتنى ياسىدى» دېدى. \v 13 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ خەلقنى كۆرۈپ يەتتىم؛ مانا، ئۇ بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. \x + \xo 9:13 \xt مىس. 32‏:9؛ 33‏:3؛ 34‏:9؛ قان. 10‏:16؛ 31‏:27؛ 2پاد. 17‏:14\x* \v 14 مېنى توسما، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن ۋە شۇنداق قىلىپ، سېنى ئۇلاردىن چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» ــ دېدى.\x + \xo 9:14 \xt مىس. 32‏:10؛ زەب. 106‏:23\x* \m \v 15 مەن بۇرۇلۇپ، تاغدىن چۈشتۈم؛ تاغ بولسا ئوت بىلەن يالقۇنلاۋاتاتتى؛ ئىككى ئەھدە تاختىيى ئىككى قولۇمدا ئىدى. \v 16 مەن كۆردۈم، مانا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا گۇناھ قىلىپسىلەر؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بىر موزاينى ياساپسىلەر؛ سىلەر تېزلا پەرۋەردىگار سىلەرگە تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كېتىپسىلەر. \v 17 مەن ئىككى تاختاينى ئىككى قولۇمغا ئېلىپ، چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا چېقىۋەتتىم. \v 18 سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم) \f □ \fr 9:18 \ft \+bd «مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ھېچ ناننى يېمىدىم...».\f* \v 19 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى يوقىتىدىغان قاتتىق غەزىپى ھەم قەھرىدىن قورقتۇم. پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ مېنىڭ تىلىكىمنى ئاڭلىدى. \v 20 پەرۋەردىگار ھارۇندىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىمۇ يوقاتماقچى بولدى؛ مەن ھارۇن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدىم. \v 21 مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى، يەنى ياسىغان موزاينى ئېلىپ ئۇنى ئوتتا كۆيدۈردۈم ۋە ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىۋەتتىم؛ ئۇنىڭ توپىسىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشىدىغان ئېرىق سۈيىگە چېچىۋەتتىم \x + \xo 9:21 \xt مىس. 32‏:20\x* \v 22 (سىلەر يەنە تابەراھ، ماسساھ، كىبروت-ھاتتاۋاھدىمۇ پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈردۈڭلار. \x + \xo 9:22 \xt مىس. 17‏:7؛ چۆل. 11‏:34،4،1\x* \v 23 پەرۋەردىگار سىلەرنى قادەش-بارنېئادىن \add قانائانغا\add* ماڭدۇرماقچى بولۇپ سىلەرگە: «چىقىپ، مەن سىلەرگە تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەندىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدىڭلار، نە ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، نە ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار. \f □ \fr 9:23 \ft \+bd «ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئاۋازىغا قارشى چىقىپ...».\f*  \x + \xo 9:23 \xt چۆل. 13‏:3؛ 14‏:1\x* \v 24 مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار). \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى. \v 26 شۇڭا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ سېتىۋالغان، مىسىردىن كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭنى يوقاتمىغايسەن؛ \f □ \fr 9:26 \ft \+bd «ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭ»\+bd* ــ «خۇدانىڭ مىراسى» مۇشۇ يەردە ئۆز خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «مىس.» 9:34نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:26 \xt مىس. 32‏:11؛ چۆل. 14‏:13\x* \v 27 ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن؛ بۇ خەلقنىڭ باشباشتاقلىقىغا، ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ياكى گۇناھىغا قارىمىغايسەن؛ \v 28 بولمىسا، سەن بىزنى ئېلىپ چىققان شۇ زېمىندىكىلەر: «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا نەپرەتلەنگىنى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا يوقىتىشقا \add مىسىردىن\add* چىقاردى» ــ دەيدۇ.\x + \xo 9:28 \xt مىس. 32‏:12؛ چۆل. 14‏:16\x* \m \v 29 قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار زور كۈچۈڭ ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىڭ بىلەن \add مىسىردىن\add* چىقارغان خەلقىڭ ۋە سېنىڭ مىراسىڭدۇر» ــ دېدىم. \b \b \m \c 10 \s1 يېڭى پۇرسەت \m \v 1 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاينى ئويۇپ چىقىپ، تاغقا يېنىمغا كەل. ئۆزۈڭگە ياغاچتىن بىر ساندۇق ياسىغىن. \x + \xo 10:1 \xt مىس. 34‏:1\x* \v 2 مەن بۇ تاختايلارغا سەن چېقىۋەتكەن ئاۋۋالقى تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يازىمەن؛ سەن ئۇلارنى ساندۇققا قويىسەن» ــ دېدى. \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم، ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاي ئويۇپ چىقتىم؛ ئىككى تاختاينى قولۇمدا كۆتۈرۈپ تاغقا چىقتىم. \v 4 پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئوت ئىچىدىن تاغدا جامائەت يىغىلغان كۈندە سىلەرگە ئېيتقان شۇ ئون ئەمرنى ئاۋۋالقى پۈتۈكتەك تاختايلارغا يازدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ماڭا تاپشۇردى. \f □ \fr 10:4 \ft \+bd «ئون ئەمر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئون سۆزنى».\f* \v 5 مەن بۇرۇلۇپ تاغدىن چۈشۈپ تاختايلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا قويدۇم؛ پەرۋەردىگار ماڭا تاپىلىغىنىدەك ئۇلار تېخى ئۇنىڭدا تۇرماقتا. \b \m \s1 چۆل-باياۋاندىكى سەپەرنىڭ خاتىمىسى \m \v 6 شۇ چاغدا ئىسرائىللار بەئەروت-بەنە-يائاكاندىن موسەراھقا يول ئېلىپ ماڭدى؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلدى ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىنلىق قىلدى. \x + \xo 10:6 \xt چۆل. 20‏:28؛ 33‏:38،30\x* \v 7 ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر). \x + \xo 10:7 \xt چۆل. 33‏:33،32\x* \v 8 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە لاۋىي قەبىلىسىنى ئۆزىگە تاللاپ ئايرىدى. ۋە بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. \v 9 شۇڭا لاۋىي قەبىلىسىنىڭ \add ئىسرائىل\add* قېرىنداشلىرى ئىچىدە نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ مىراسىدۇر.\f □ \fr 10:9 \ft \+bd «اۋىي قەبىلىسىنىڭ... نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر»\+bd* ــ قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ (باشقا قەبىلىلەرنىڭكىدەك) شەخسىي يەر-زېمىن ياكى شەھەرلىرى بولمايدۇ. ئۇلاردىكى ھەربىر ئائىلىگە ئىسرائىللارنىڭ شەھەرلىرى ئىچىدىن بىرەر تۇرار جاي بېرىلىدۇ.\f*  \x + \xo 10:9 \xt چۆل. 18‏:20-32؛ قان. 18‏:1؛ ئ‍ەز. 44‏:28 \x* \m \v 10 مەن ئەمدى ئاۋۋالقى كۈنلەردىكىدەك قىرىق كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغدا تۇردۇم؛ پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ تىلىكىمگە قۇلاق سالدى؛ ئۇ سىلەرنى يوقاتمىدى. \x + \xo 10:10 \xt قان. 9‏:18، 19\x* \v 11 پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، خەلقنى باشلاپ ئالدىدا يول ئالغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىشقا ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرسۇن» ــ دېدى. \b \m \s1 پەرۋەردىگارنى سۆيگىن، خەلقنى سۆيگىن \m \v 12‏-13 ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟\x + \xo 10:12‏-13 \xt قان. 6‏:5؛ مات. 22‏:37؛ لۇقا 10‏:27\x* \m \v 14 مانا، ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا مەنسۇپتۇر؛ يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. \x + \xo 10:14 \xt يار. 14‏:19؛ زەب. 24‏:1؛ 115‏:16\x* \v 15 ھالبۇكى، پەرۋەردىگار پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى سۆيدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك بارلىق ئەللەر ئارىسىدىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى نەسلىنى، يەنى سىلەرنى تاللىدى. \v 16 شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار.\x + \xo 10:16 \xt مىس. 32‏:9؛ 33‏:3؛ 34‏:9؛ قان. 9‏:13؛ يەر. 4‏:4 \x* \m \v 17 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛ \x + \xo 10:17 \xt 2تار. 19‏:6، 7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 17‏:14\x* \v 18 ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر. \f □ \fr 10:18 \ft \+bd «يېتىم-يېسىر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتىسىزلار».\f* \v 19 شۇڭا سىلەرمۇ مۇساپىرنى سۆيۈشۈڭلار كېرەك؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر ئىدىڭلار. \m \v 20 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن؛ سەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولغىن، ئۇنىڭغا باغلانغىن ۋە \add پەقەت\add* ئۇنىڭ نامىدىلا قەسەم ئىچكىن. \x + \xo 10:20 \xt قان. 6‏:13؛ 13‏:4؛ مات. 4‏:10؛ لۇقا 4‏:8\x* \v 21 ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇ سەن مەدھىيىلەيدىغان، سېنىڭ خۇدايىڭدۇر؛ \v 22 ئاتا-بوۋىلىرىڭ جەمئىي يەتمىش جان مىسىرغا چۈشكەنىدى؛ ۋە ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى. \f □ \fr 10:22 \ft \+bd «يئاتا-بوۋىلىرىڭ جەمئىي يەتمىش جان مىسىرغا چۈشكەنىدى...»\+bd* ــ ياكى «ئاتا-بوۋىلىرىڭ يەتمىش جان بىلەن مىسىرغا چۈشكەنىدى...».\f*  \x + \xo 10:22 \xt يار. 15‏:5؛ 46‏:27؛ مىس. 1‏:5؛ روس. 7‏:14\x* \b \b \m \c 11 \s1 خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇشنىڭ بەخت-بەرىكىتى \m \v 1 ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن. \v 2‏-3 شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ جازا-تەربىيىسى، ئۇلۇغلۇقى، كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىنى، مىسىر زېمىنىدا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ھەم ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈستىگە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى ۋە قىلغانلىرىنى كۆرمىگەن بالىلىرىڭلارغا سۆزلىمەيمەن \f □ \fr 11:2‏-3 \ft \+bd «شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شۇ ئىشلارنى بۈگۈن بىلىڭلاركى،...».\f* \v 4 (چۈنكى ئۇلار \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* مىسىرنىڭ قوشۇنى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قىلغان ئىشلىرى، يەنى قىزىل دېڭىزنىڭ سۇلىرى بىلەن ئۇلارنى غەرق قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى، \f □ \fr 11:4 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنىڭ قوشۇنى...نى ... ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنىڭ قوشۇنى..نى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلغانلىقى» ــ بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ تۈپتىن ھالاك قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.\f* \v 5 ئۇنىڭ سىلەر مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە سىلەرگە نېمە قىلغانلىقى، \v 6 ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛ \x + \xo 11:6 \xt چۆل. 16‏:31؛ 27‏:3؛ زەب. 106‏:16-17\x* \v 7 \add مەن بەلكى سىلەرگە سۆز قىلىمەن\add*؛ چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆردى. \b \m \s1 ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ مول بايلىقلىرى \m \v 8 ئەمدى، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرنى تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار كۈچلىنىپ، ھازىر ئۆتۈپ ئىگىلىمەكچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر \v 9 ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ئۇلارغا ھەم ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت بىر زېمىندا تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. \v 10 چۈنكى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان شۇ زېمىن سىلەر چىققان مىسىر زېمىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ يەر بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقاندىن كېيىن پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان كۆكتاتلىقتەك زېمىن ئىدى؛ \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان زېمىن»\+bd* ــ مىسىردا ئېتىزلار (بۈگۈنگە قەدەر) ئىنساننىڭ پۇتى بىلەن ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل ئاددىي ناسۇس بىلەن سۇغىرىلىدۇ.\f* \v 11 بىراق سىلەر ئىگىلەشكە ئۆتىدىغان شۇ زېمىن بولسا تاغ-جىلغىلىرى بولغان بىر زېمىندۇر؛ ئۇ ئاسماندىكى يامغۇردىن سۇ ئىچىدۇ، \v 12 ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ئەزىزلەيدىغان بىر زېمىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۆزلىرى يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ. \v 13 شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار، \v 14 ئۇ: «مەن زېمىنىڭلارغا ئۆز پەسلىدە يامغۇر، يەنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارنى ئاتا قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئاشلىقلىرىڭلار، يېڭى شارابىڭلار ۋە زەيتۇن مېيىڭلارنى يىغالايسىلەر؛ \f □ \fr 11:14 \ft \+bd «دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلار»\+bd* ــ «دەسلەپكى يامغۇرلار» 10-ئايدا ياغىدۇ ۋە تۇپراق يۇمشىتىلىشى بىلەن يەر ھەيدەشكە ئاندىن ئۇرۇق چېچىشقا مۇمكىن بولىدۇ. «كېيىنكى يامغۇرلار» بولسا قانائاندا 3- ياكى 4-ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ.\f* \v 15 مەن شۇنداقلا مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن ئوت-چۆپ بېرىمەن؛ سەن يەپ-ئىچىپ تويۇنىسەن» ــ دەيدۇ. \b \m \s1 ئىتائەتمەن بولۇش ۋە بالىلارغا تەربىيە بېرىشنىڭ بەختى \m \v 16 قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛ \x + \xo 11:16 \xt قان. 8‏:19\x* \v 17 بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر. \m \v 18 سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا \add ئەسلەتمە\add*-بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛ \x + \xo 11:18 \xt قان. 6‏:6، 8\x* \v 19 سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛ \x + \xo 11:19 \xt قان. 4‏:9؛ 6‏:7\x* \v 20 ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. \v 21 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىدىغان كۈنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ. \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ»\+bd* ــ مەنىسى بەلكىم كۈنلەر كۆپ ھەم بەختلىك بولىدۇ، دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \v 22 مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلىغان بۇ پۈتكۈل ئەمرنى ئىخلاس بىلەن تۇتساڭلار، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىشىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا باغلانساڭلار، \v 23 ئۇنداقتا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بۇ بارلىق ئەللەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەيدەيدۇ ۋە سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئىگىلەيسىلەر. \v 24 تاپىنىڭلار دەسسىگەن ھەربىر جاي سىلەرنىڭكى بولىدۇ؛ چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ، لىۋانغىچە ۋە \add ئەفرات\add* دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. \f □ \fr 11:24 \ft \+bd «ئوتتۇرا دېڭىزغىچە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كەينى دېڭىزغىچە....».\f*  \x + \xo 11:24 \xt يە. 1‏:3؛ 14‏:9\x* \v 25 ھېچكىم ئالدىڭلاردا تۇرالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەردىن بولغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتنى سىلەر دەسسىگەن بارلىق جايلار ئۈستىگە سالىدۇ.\x + \xo 11:25 \xt مىس. 23‏:27\x* \b \m \s1 مۇسا «بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەت»نى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا قويىدۇ \m \v 26 مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ \v 27 مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ \v 28 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ. \m \v 29 شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بەخت-بەرىكەتنى گەرىزىم تېغى ئۈستىدە ۋە لەنەتنى ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر. \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «گەرىزىم تېغى ئۈستىدە.... ۋە ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گەرىزىم تېغى ئۈستىگە... ۋە... ئەبال تېغى ئۈستىگە قويۇسىلەر». بۇ يەرلەردە ئەھدىدىكى بەخت-بەرىكەتلەر ۋە لەنەتلەر جاكارلىنىدۇ ھەم تاش ئۈستىگە پۈتۈلىدۇ. مۇشۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرى 27-28-بابلاردا ۋە «يە.» 30:8-35دە تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 11:29 \xt قان. 27‏:13،12؛ يە. 8‏:33\x* \v 30 بۇ \add تاغلار\add* ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە، گىلگالنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا، مەغرىب يولىنىڭ ئارقىسىدا، مورەھتىكى دۇب دەرەخلىرىگە يېقىن يەردە ئەمەسمۇ؟ \m \v 31 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە تەقدىم قىلىۋاتقان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ سىلەر دەرۋەقە ئۇنى ئىگىلەيسىلەر ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇراقلىشىسىلەر. \v 32 سىلەر مەن ئالدىڭلارغا قويغان بۇ بارلىق ھۆكۈملەر ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. \b \b \m \c 12 \s1 خۇدا تاللايدىغان جايدا، مۇقەددەسخانىدا ئىبادەت قىلىش \m \v 1 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان زېمىندا تۇرغاندا، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىڭلاردا كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەر مانا مۇنۇلاردۇر: ــ \m \v 2 سىلەر ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ ئېگىز تاغلار، دۆڭلەر ۋە ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدىكى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولغان ئىبادەتگاھلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك؛ \x + \xo 12:2 \xt مىس. 34‏:13،12؛ قان. 7‏:5\x* \v 3 ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىڭلار ۋە ئاشەراھلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ئىلاھلىرىنىڭ ئويما مەبۇدلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم-ناملىرىنىمۇ شۇ يەردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. \x + \xo 12:3 \xt ھاك. 2‏:2\x* \m \v 4 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خىزمىتىدە ئۇلاردەك قىلماڭلار، \v 5 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلىرىڭلارنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان، ئۆز تۇرالغۇسى بولغان جاينى ئىزدەڭلار، شۇ يەرگە كېلىڭلار؛ \x + \xo 12:5 \xt 2تار. 7‏:12\x* \v 6 شۇ يەرگە سىلەر كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلەرنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلەرنى ۋە قوي-كالا پادىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى ئەكىلىسىلەر؛ \v 7 سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر. \f □ \fr 12:7 \ft \+bd «قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قولۇڭلاردىكى ئوقەتتىن...»\f* \v 8 سىلەر بىز بۈگۈن قىلغىنىمىزدەك، يەنى ھەربىرىڭلار ئۆز بىلگىنىڭلارچە قىلغىنىڭلاردەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ \v 9 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان ئاراملىق ھەم مىراسقا تېخى يېتىپ كەلمىدىڭلار. \m \v 10 بىراق سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇ سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئارام بەرگەندىن كېيىن، سىلەر تىنچ-ئامان تۇرغاندا، \v 11 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ سىلەر شۇ يەرگە كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەلەرنى ئەكىلىسىلەر؛ \x + \xo 12:11 \xt 1پاد. 8‏:29\x* \v 12 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا شادلىنىسىلەر، يەنى سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار (چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر) ھەممىڭلار شادلىنىسىلەر.\f □ \fr 12:12 \ft \+bd «سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 12:12 \xt چۆل. 18‏:20؛ قان. 10‏:9؛ 18‏:1\x* \m \v 13 سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى ئۇدۇل كەلگەن جايلاردا قىلماسلىق ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن؛ \v 14 پەقەت پەرۋەردىگار ھەممە قەبىلىلىرىڭنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى قىل ۋە شۇ جايدا مېنىڭ ساڭا بارلىق تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىل. \m \v 15 ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر-يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. \f □ \fr 12:15 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلاردا...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 16 سىلەر پەقەت ئۇنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر قېنىنى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىشىڭلار كېرەك. \x + \xo 12:16 \xt يار. 9‏:4؛ لاۋ. 7‏:26؛ 17‏:10؛ قان. 15‏:23\x* \v 17 سەن ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلىرىڭنى ياكى كالا-قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى، ياكى قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلىرىڭنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭنى ياكى قولۇڭدىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭنى شەھەر-يېزىلىرىڭدا يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ \f □ \fr 12:17 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلاردا تۇرغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 18 بەلكى بۇلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا يېيىشىڭ كېرەك، يەنى سەن، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇل-دېدىكىڭ ۋە سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار بىرگە يېسەڭ بولىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىدىن شادلىنىسەن. \f □ \fr 12:18 \ft \+bd «سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىدىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قولۇڭلاردىكى بارلىق ئوقەتتىن...»\f* \v 19 ئۆزۈڭگە ھېزى بولغىنكى، سەن زېمىندا تۇرغان بارلىق كۈنلىرىڭدە لاۋىيلاردىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ كېرەك. \b \m \s1 قاننى يېمەسلىك كېرەك \m \v 20 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك چېگرالىرىڭنى كېڭەيتكەندە، سەن كۆڭلۈڭ تارتىپ: «گۆش يەيمەن» دېسەڭ، سەن كۆڭلۈڭنىڭ تارتقىنىچە گۆش يېسەڭ بولىدۇ. \x + \xo 12:20 \xt يار. 9‏:4؛ لاۋ. 7‏:26؛ 17‏:10؛ قان. 15‏:23\x* \v 21 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جاي سەندىن بەك يىراق بولسا، سەن پەرۋەردىگار ساڭا تەقدىم قىلغان كالا-قويلاردىن ئېلىپ سويىسەن؛ مەن ساڭا تاپىلىغاندەك ئۇلارنى سويىسەن ۋە شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە بوغۇزلاپ يەيسەن. \f □ \fr 12:21 \ft \+bd «شەھەر-يېزىلىرىڭلار ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 22 جەرەن ياكى كېيىك يېگەندەك ئۇلارنى يەيسەن؛ مەيلى پاك مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ. \v 23 پەقەت شۇنىڭدىن ھېزى بولغىنكى، ئۇلارنىڭ قېنىنى يېمە؛ چۈنكى جان دېگەن قاندىدۇر؛ سەن گۆشنى جان بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭ كېرەك. \v 24 سەن قاننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ بەلكى ئۇنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋەت. \v 25 سەن ئۇنى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى بالىلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن. \m \v 26 بىراق سەندىكى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ۋە قەسەمگە باغلىق نەرسىلەرنى بولسا، سەن ئۇلارنى ئېلىپ پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا ئاپىرىسەن؛ \v 27 سەن \add شۇ يەردە\add* پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى، گۆش بىلەن قېنىنى سۇنغىن؛ باشقا قۇربانلىقلىرىڭنىڭ قېنىنىمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە قۇيغىن ۋە گۆشىنى يېگىن. \m \v 28 مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ كۆڭۈل بۆلگىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن ۋە ئۆز ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ. \b \m \s1 بۇتلارنىڭ يىرگىنچلىكى \m \v 29 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بارىدىغان يەردىكى ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا يوقىتىدۇ. شۇ چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ شۇ يەردە تۇرغىنىڭدا، \v 30 شۇ ئەللەر ئالدىڭدا يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھېزى بول ۋە: ــ «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىنى قانداق تۇتقان بولغىيدى؟ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ!» دەپ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ھېچ ئىزدىمە. \v 31 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىڭدا قەتئىي ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى نېمە ئىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك بولسا، نېمە ئىش ئۇنىڭغا نەپرەتلىك بولسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇلار ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنى ۋە قىزلىرىنىمۇ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگەن. \b \m \s1 بۇتپەرەسلىك ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر \m \v 32 مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.\x + \xo 12:32 \xt قان. 4‏:2؛ پەند. 30‏:6؛ ۋەھ. 22‏:18\x* \b \b \m \c 13 \m \v 1 ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە \v 2 ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە، \v 3 شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ. \m \v 4 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. \x + \xo 13:4 \xt قان. 10‏:20\x* \v 5 شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى بولسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىشنى قۇتراتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سېنى مېڭىشقا ئەمر قىلغان يولدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ سىلەر مۇشۇنداق رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك.\x + \xo 13:5 \xt قان. 18‏:20؛ يەر. 14‏:15\x* \b \m \s1 ئائىلىنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان ساختا پەيغەمبەرلەر \m \v 6‏-7 قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە،\f □ \fr 13:6‏-7 \ft \+bd «جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قۇچىقىڭدىكى ئايالىڭ».\f*  \x + \xo 13:6‏-7 \xt قان. 17‏:2\x* \v 8 ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛ \f □ \fr 13:8 \ft \+bd «سەن ئۇنى ھېچ ئايىما...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ئۇلارنى ھېچ ئايىمىسۇن...».\f* \v 9 قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن. \x + \xo 13:9 \xt قان. 17‏:7\x* \v 10 ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛ \v 11 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ.\x + \xo 13:11 \xt قان. 17‏:13\x* \b \m \s1 مەلۇم يۇرتتىكىلەر توپلىشىپ قىلغان بۇتپەرەسلىكنىڭ جازاسى \m \v 12‏-13 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ،\f □ \fr 13:12‏-13 \ft \+bd «بەزى رەزىل ئادەملەر...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئال (ئىبلىس)نىڭ بەزى بالىلىرى...».\f* \v 14 شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، \v 15 ئۇنداقدا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت. \v 16 ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك. \v 17 تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ. \v 18 سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ. \b \b \m \c 14 \s1 پەرۋەردىگار ئالدىدىكى ھالاللىق ۋە ھاراملىق ــ ھالال ۋە ھارام جانىۋارلار \m \v 1 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى ھېچ كەسمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ياكى ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ \f □ \fr 14:1 \ft \+bd «ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ... ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك»\+bd* ــ بۇتپەرەس قانائانىيلار ئارىسىدا شۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەر كۆپ ئىدى.\f*  \x + \xo 14:1 \xt لاۋ. 19‏:28،27؛ 21‏:5\x* \v 2 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن؛ پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۆھىرى بولغان بىر خەلق بولۇشى ئۈچۈن سېنى تاللىغاندۇر. \x + \xo 14:2 \xt قان. 7‏:6؛ 26‏:18\x* \v 3 سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك. \m \v 4 تۆۋەندىكىلەر سىلەر يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار: ــ كالا، قوي، ئۆچكە؛ \x + \xo 14:4 \xt لاۋ. 11‏:2\x* \v 5 كېيىك، جەرەن، بۇغا، ياۋا ئۆچكە، ئاھۇ، بۆكەن، ياۋا قوي، \v 6 شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدە تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىلىنى يېسەڭلار بولىدۇ. \f □ \fr 14:6 \ft \+bd «كۆشىگۈچى ھايۋانلار»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىككى-ئۈچ ئاشقازىنى بار ھايۋانلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوزۇقنى يۇمشاق چاينايدىغان بارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 7 لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ \m تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ).\f □ \fr 14:7 \ft \+bd «سۇغۇر»\+bd* ــ ياكى «سىچقان» ــ تاغلاردا ياشايدىغان كىچىك بىر ھايۋان.\f* \m \v 8 چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. شۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ھەم ئۆلۈكلىرىگە تەگمەسلىكىڭلار كېرەك. \m \v 9 سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ، \v 10 لېكىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولمىغانلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ. \m \v 11 بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ \v 12 بىراق تۆۋەندىكى ئۇچار-قاناتلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: يەنى بۈركۈت، تاپقۇش-غېچىرلار، دېڭىز بۈركۈتى، \f □ \fr 14:12 \ft \+bd «تاپقۇش-غېچىرلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇستىخان چاققۇچى قۇش». يەنى بىر تەرجىمىسى «بېلىقئالغۇچ».\f* \v 13 قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن، قورۇلتاز-تاپقۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، \v 14 ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، \v 15 مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، \v 16 ھۇۋقۇش، ئىبىس، ئاق قۇ، \f □ \fr 14:16 \ft \+bd «ھۇۋقۇش»\+bd* ــ ياكى «كىچىك ھۇۋقۇش». \+bd «ئاق قۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىن بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس.\f* \v 17 ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، قارنا، \f □ \fr 14:17 \ft \+bd «ساقىيقۇش»\+bd* ــ ساقىيقۇش ياكى «سۇغا سۈڭگۈگۈچى». ئىبرانىي تىلىدىن بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. \+bd «قارنا»\+bd* ــ ياكى «قوتان».\f* \v 18 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ بىلەن شەپەرەڭ دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن. \f □ \fr 14:18 \ft \+bd «تۇرنا»\+bd* ــ ياكى «قوتان». \+bd «لەيلەك، تۇرنا ... دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن»\+bd* ــ بۇ ھالال ۋە ھارام نەرسىلەر توغرۇلۇق «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 19 ھەربىر قاناتلىق ئۆمۈلىگۈچى ھاشارەتلەر بولسا سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك.\f □ \fr 14:19 \ft \+bd «ھەربىر قاناتلىق ئۆمۈلىگۈچى ھاشارەتلەر ... ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك»\+bd* ــ بۇ تىزىملىكتىكى قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى نامى تەۋراتتا پەقەت بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايسى قۇشلار ئىكەنلىكىنى توپتوغرا بېكىتىش بەزىدە مۇمكىن بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تىپلىرى، شۈبھىسىزكى، تەرجىمىمىزدەك بولىدۇ.\f* \m \v 20 سىلەر بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. \m \v 21 سىلەر ھېچقانداق ئۆلۈك جانۋارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنداق نەرسىنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بېرىڭلار؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ ياكى ئۇنى يات ئەللىكلەركە سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن. سەن ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ.\f □ \fr 14:21 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئەمر بەلكىم ئەتراپتىكى بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ مەلۇم ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگەشمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:21 \xt مىس. 23‏:19؛ 34‏:26\x* \b \m \s1 پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش \m \v 22 سەن جەزمەن ھەر يىلى ئېتىزدىكى ھەممە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىشىڭ كېرەك؛ \v 23 سەن شۇلارنى، يەنى ئاشلىقىڭ، يېڭى شارابىڭ، زەيتۇن مېيىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللايدىغان جايدا يە، شۇنداقلا كالا-قوي پادىلىرىدىن ئايرىلغان تۇنجى بالىلىرىنى شۇ يەردە يە؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن دائىم قورقۇشنى ئۆگىنىسەن.\x + \xo 14:23 \xt قان. 12‏:18،17\x* \m \v 24 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگەندە، ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللىغان شۇ جاي سەندىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭنى شۇ يەرگە ئاپىرالمىغۇدەك بولساڭ، \v 25 سەن شۇ چاغدا ئۇنى پۇلغا سېتىپ، پۇلنى قولۇڭغا تېڭىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللىغان جايغا بارغىن \v 26 ۋە كۆڭلۈڭ نېمە تارتسا، مەيلى كالا، قوي، مەي-شاراب، مۇسەللەس بولسۇن، ياكى شۇنىڭدەك كۆڭلۈڭ تارتقان ھەرقانداق نەرسىنى شۇ پۇلغا ئالساڭ بولىدۇ؛ ئاندىن سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر شۇ يەردە ئۇنىڭدىن يەپ-ئىچىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا شاد-خۇرام بولىسىلەر.\x + \xo 14:26 \xt مات. 21‏:12\x* \m \v 27 شەھەر-يېزىلىرىڭدا تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك، چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق. \f □ \fr 14:27 \ft \+bd «شەھەر-يېزىلىرىڭدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 14:27 \xt چۆل. 18‏:20، 24؛ قان. 10‏:9؛ 12‏:12؛ 18‏:1، 2؛ 26‏:12\x* \v 28 ھەر ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن شۇ يىلدىكى مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ چىقار؛ سەن ئۇنى شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە توپلا؛ \f □ \fr 14:28 \ft \+bd «شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 29 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ. \b \b \m \c 15 \s1 قەرزلەردىن خالاس قىلىش \m \v 1 ھەربىر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن بىر «خالاس قىلىش»نى جاكارلىغىن. \x + \xo 15:1 \xt مىس. 21‏:2؛ يەر. 34‏:14\x* \v 2 بۇ «خالاس قىلىش» مۇنداق بولىدۇ: ــ بارلىق قەرز ئىگىلىرى قوشنىسىغا بەرگەن قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛ ئۇنى قوشنىسىدىن ياكى قېرىندىشىدىن تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى. \f □ \fr 15:2 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ «خالاس قىلىش» دېگەننىڭ مەنىسى، قەرز ئىگىلىرى \+bd يەتتە يىل ئىچىدە\+bd* قەرزدارلاردىن قەرزنى سورىماسلىقى كېرەك؛ لېكىن يەتتىنچى يىلدىن كېيىن قەرزلەرنى قايتىدىن سوراشقا بولىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن، دەپ قارايدۇ.\f* \v 3 چەتئەللىكتىن بولسا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن قېرىندىشىڭدا بولغان قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭ كېرەك. \m \v 4 ھالبۇكى، ئاراڭلاردا ھاجەتمەنلەر بولمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان شۇ زېمىندا تۇرغىنىڭدا سېنى زىيادە بەرىكەتلەيدۇ؛ \v 5 پەقەت سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ پۈتۈن ئەمرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭلار شۇنداق بولىدۇ. \v 6 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ؛ سەن كۆپ ئەللەرگە كاپالەتلىك ئېلىپ قەرز بېرىسەن، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسەن؛ سەن كۆپ ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىسەن، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. \b \m \s1 سېخىي بولۇڭلار! \m \v 7 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ئارىسىدىن كەمبەغەل بىر ئادەم بولسا، سەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭنى قاتتىق قىلما ياكى ھاجىتى چۈشكەن قېرىندىشىڭغا قولۇڭنى يۇمۇۋالما؛ \f □ \fr 15:7 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 8 سەن بەلكى سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا قولۇڭنى ئوچۇق قىل ۋە ئۇنىڭدا نېمە كەم بولسا چوقۇم ھاجىتىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆتنە بېرىپ تۇر. \v 9 كۆڭلۈڭدە نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ: يەتتىنچى يىل، يەنى «خالاس يىلى» يېقىنلاشتى، دەپ رەزىل ئويدا بولۇشتىن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بەرمەسلىكتىن ھېزى بول؛ شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ ئىش ساڭا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. \f □ \fr 15:9 \ft \+bd «...نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نامرات قېرىندىشىڭغا كۆزۈڭنى رەزىل قىلىپ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 10 سەن چوقۇم ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن بەرگىن؛ ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭدە نارازى بولما؛ چۈنكى بۇ ئىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بارلىق ئىشلىرىڭدا ۋە قولۇڭدىكى بارلىق ئەمگىكىڭدە بەرىكەتلەيدۇ. \x + \xo 15:10 \xt مات. 5‏:42؛ لۇقا 6‏:35\x* \v 11 چۈنكى كەمبەغەللەر زېمىندىن يوقاپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ساڭا: «سەن سېخىيلىق بىلەن زېمىندىكى قېرىندىشىڭغا، يەنى سېنىڭ نامراتلىرىڭغا ۋە ھاجەتمەنلىرىڭگە قولۇڭنى ئاچقىن» ــ دەپ تاپىلىدىم.\x + \xo 15:11 \xt مات. 26‏:11؛ يـۇھ. 12‏:8\x* \b \m \s1 قۇللارنى قويۇۋېتىش \m \v 12 سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مەيلى ئىبرانىي ئەر ياكى ئىبرانىي ئايال بولسۇن ساڭا سېتىلغان بولسا، ئۇ ئالتە يىل قۇللۇقۇڭدا بولىدۇ، ئاندىن يەتتىنچى يىلىدا سەن ئۇنى ئۆزۈڭدىن خالاس قىلىپ قويۇۋەت. \x + \xo 15:12 \xt مىس. 21‏:2؛ يەر. 34‏:14\x* \v 13 ئۇنى قويۇۋەتكەندە قۇرۇق قول قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ؛ \v 14 سەن چوقۇم قويلىرىڭدىن، خامىنىڭدىن ۋە شاراب كۆلچىكىڭدىن تەقدىم قىلىشىڭ كېرەك؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە سەن ئۇنىڭغا بەر. \v 15 سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم. \m \v 16 ھالبۇكى، شۇ قۇلۇڭ ساڭا: «مەن سەندىن كەتمەيمەن» دېسە (چۈنكى ئۇ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيىدۇ، سېنىڭ بىلەن ھالى ياخشى بولىدۇ) \v 17 ــ شۇ چاغدا سەن بىگىزنى ئېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئىشىكتە تەش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە سېنىڭ قۇلۇڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك دېدىكىڭگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغىن.\x + \xo 15:17 \xt مىس. 21‏:6\x* \m \v 18 \add قۇلۇڭنى\add* يېنىڭدىن قويۇۋېتىش ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاچقا، قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ؛ \add ئۇنى قويۇۋەتسەڭ\add* پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنى بەرىكەتلەيدۇ.\f □ \fr 15:18 \ft \+bd «قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ»\+bd* ــ قۇل ھەركۈنى ئىگىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ۋاقىت مەدىكار ئىشلىگەن ۋاقىتنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى قۇل كېچە-كۈندۈز خوجايىننىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇرۇشى كېرەك.\f* \b \m \s1 خۇداغا ئەڭ ئېسىلنى بېغىشلاش \m \v 19 كالىلىرىڭ ۋە قويلىرىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغان بارلىق تۇنجى ئەركەك موزاي-قوزىلىرىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتا؛ كالىلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ھېچقانداق ئەمگەككە سالما، قويلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى قىرقىما. \x + \xo 15:19 \xt مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ 34‏:19؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 3‏:13\x* \v 20 سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر ھەر يىلى شۇ مېلىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا يەڭلار. \v 21 بىراق \add شۇ\add* ھايۋانلارنىڭ بىر يېرى مېيىپ بولسا، مەيلى ئۇ مەجرۇھ ، كور ياكى ئۇنىڭدا ھەرقانداق نۇقسان بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قۇربانلىق قىلماسلىقىڭ كېرەك. \x + \xo 15:21 \xt لاۋ. 22‏:20؛ قان. 17‏:1\x* \v 22 بەلكى ئۇنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە يېسەڭ بولىدۇ؛ كىشىلەر مەيلى پاك ياكى ناپاك بولسۇن، ئۇنى جەرەن ياكى كېيىكنى يېگەندەك يېسە بولىدۇ. \f □ \fr 15:22 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 23 پەقەت سەن ئۇنىڭ قېنىنى يېمە؛ قېنىنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك تۆكۈۋەت.\x + \xo 15:23 \xt قان. 12‏:23،16\x* \b \b \m \c 16 \s1 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ۋە «پېتىر نان ھېيتى» \m \v 1 ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان. \f □ \fr 16:1 \ft \+bd «ئابىب \+bd*\+bdit ياكى «نىسان»\+bdit* ئېيى» ــ خۇدا ئىبرانىيلارغا تاپشۇرغان كالېندارنىڭ بىرىنچى ئېيى. «مىس.» 12-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەساخ» ياكى «پاسخا» دېگەن سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 16:1 \xt مىس. 12‏:2؛ لاۋ. 23‏:5؛ چۆل. 9‏:1؛ 28‏:16\x* \v 2 سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛ \v 3 شۇنداقلا سەن ھېچقانداق بولدۇرۇلغان ناننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ سەن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يېيىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراشلىقتا چىقتىڭ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە مىسىر زېمىنىدىن چىققان شۇ كۈننى يادىڭدا تۇتقايسەن. \x + \xo 16:3 \xt مىس. 12‏:19؛ 34‏:18\x* \v 4 يەتتە كۈن چېگرالىرىڭ ئىچىدە، ئۆيۈڭدە ھېچقانداق ئېچىتقۇ تېپىلمىسۇن؛ سەن بىرىنچى كۈنى كەچتە قىلغان قۇربانلىق گۆشلەرنى ئەتىگەنگە قالدۇرماسلىقىڭ كېرەك.\x + \xo 16:4 \xt مىس. 12‏:10؛ 13‏:7؛ 23‏:18؛ 34‏:25\x* \m \v 5 سەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭنىڭ ھەرقاندىقىدا قىلساڭ بولمايدۇ؛ \v 6 بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن. \v 7 ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ. \m \v 8 سەن ئالتە كۈن پېتىر نان يەيسەن؛ يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىك سورۇن كۈنى بولىدۇ؛ سەن ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلمايسەن. \b \m \s1 «ھەپتىلەر ھېيتى» \m \v 9 ئاندىن يەتتە ھەپتىنى سانايسەن؛ ئاشلىققا ئورغاق سالغاندىن باشلاپ يەتتە ھەپتىنى ساناشقا باشلايسەن؛ \f □ \fr 16:9 \ft \+bd «ئاشلىق»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئارپىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 16:9 \xt مىس. 23‏:16؛ لاۋ. 23‏:15؛ چۆل. 28‏:26\x* \v 10 ئاندىن سەن «ھەپتىلەر ھېيتى»نى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا قولۇڭدىكى ئىختىيارىي ھەدىيە بىلەن ئۆتكۈزىسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرىكەتلىگىنىگە قاراپ ئۇنى ئىختىيارەن سۇنىسەن. \v 11 شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر. \v 12 سەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مىسىردا قۇل بولغانلىقىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ، بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ ئەمەل قىلغىن. \b \m \v 13‏-14 سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر. \x + \xo 16:13‏-14 \xt مىس. 23‏:16؛ لاۋ. 23‏:34\x* \v 15 پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا سەن يەتتە كۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭدا، قولۇڭ قىلغان ئىشلاردا سېنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە سەن دەرۋەقە پۈتۈنلەي شادلىنىسەن. \m \v 16 يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ تاللايدىغان جايدا ھازىر بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇرۇق قول ھازىر بولسا بولمايدۇ؛ \x + \xo 16:16 \xt مىس. 23‏:15، 17؛ 34‏:23\x* \v 17 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن. \b \m \s1 ئادالەت يۈرگۈزۈش \m \v 18 خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك. \f □ \fr 16:18 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 19 ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. \x + \xo 16:19 \xt مىس. 23‏:8؛ لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17\x* \v 20 سەن مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدىشىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھايات كۆرىسەن ھەمدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىننى ئىگىلەيسەن. \b \m \s1 ھەرقانداق بۇتپەرەسلىكتىن يىراق تۇرۇش \m \v 21 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئەتراپىغا «ئاشەراھ» بۇتى قىلىنىدىغان ھېچقانداق دەرەخ تىكمەسلىكىڭ كېرەك \f □ \fr 16:21 \ft \+bd «ئاشەراھ بۇتى»\+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 22 ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت تۈۋرۈكى تىكلىمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئۇنداق نەرسىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. \b \b \m \c 17 \m \v 1 پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەرقانداق نۇقسانى ياكى باشقا كەمچىلىكى بولغان كالا ياكى قوينى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.\x + \xo 17:1 \xt لاۋ. 22‏:20-25؛ قان. 15‏:21\x* \m \v 2‏-3 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا، \f □ \fr 17:2‏-3 \ft \+bd «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلار»\+bd* ــ بۇلار توغرۇلۇق 19:4نى ۋە ئىزاھاتىنى كەرۈڭ.\f*  \x + \xo 17:2‏-3 \xt قان. 13‏:7\x* \v 4 ــ شۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياكى ئۇنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتۈرگىن؛ بۇ ئىش ئىسپاتلىنىپ راست چىقسا، دەرۋەقە ئىسرائىلدا شۇنداق يىرگىنچلىك ئىش قىلىنغان بولسا، \v 5 سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك. \v 6 بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. \x + \xo 17:6 \xt چۆل. 35‏:30؛ قان. 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28\x* \v 7 ئۆلتۈرۈلىدىغاندا ئاۋۋال گۇۋاھچىلار قول سالسۇن، ئاندىن بارلىق خەلق قول سالسۇن؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن ھەيدىۋېتىسىلەر.\x + \xo 17:7 \xt قان. 13‏:10\x* \b \m \s1 ئالىي سوت \m \v 8 شەھەر-يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار. \f □ \fr 17:8 \ft \+bd «... مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا،... »\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قان ۋە قان ئارىسىدا، دەۋا بىلەن دەۋا ئارىسىدا، مۇشت-تاياق بىلەن مۇشت-تاياق ئارىسىدا بولسۇن، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 17:8 \xt 2تار. 19‏:10؛ مال. 2‏:7\x* \v 9 سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. \f □ \fr 17:9 \ft \+bd «لاۋىي كاھىنلار»\+bd* ــ كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قەبىلىسىدىن بەلگىلىنىدۇ.\f* \v 10 سىلەر پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ سىلەرگە تاپشۇرىدىغان ھۆكۈم سۆزى بويىچە ئىجرا قىلىسىلەر؛ ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك. \f □ \fr 17:10 \ft \+bd «پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ جاي»\+bd* ــ مۇشۇ -8-13ئايەتلەردە «(خۇدا) تاللايدىغان جاي...» «پەرۋەردىگار تاللايدىغان جاي...» بەلكىم لاۋىيلار ۋە كاھىنلار ھەمدە «سوراقچى بەگ» (دېمەك، شۇ دەۋردىكى «باتۇر ھاكىم») تۇرىدىغان شەھەر-يېزىلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «يە.» 13:21-19نى كۆرۈڭ. تەۋراتتىكى «باتۇر ھاكىملار» ۋە «سامۇئىل»دا «دەۋا سوراپ ھۆكۈم چىقىرىش» ئىشلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.\f* \v 11 سىلەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن قانۇن ھۆكۈمى بويىچە، چىقىرىدىغان قارارى بويىچە قىلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە تاپشۇرىدىغان سۆزدىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار. \v 12 ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر. \v 13 شۇنداقلا، بارلىق خەلق بۇلارنى ئاڭلاپ قورقىدۇ ۋە يەنە باشباشتاقلىق قىلمايدۇ. \b \m \s1 پادىشاھ قانداق بولۇشى كېرەك؟ \m \v 14 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغاندا: «مەن ئەتراپىمدىكى ئەللەرنىڭكىدەك ئۆزۈمگە بىر پادىشاھ تىكلىمەكچىمەن» دېسەڭ، \v 15 شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭگە پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغىنىنى تىكلەيسەن؛ ئۈستۈڭگە قېرىنداش بولمىغان چەتئەللىكنى بېكىتمەسلىكىڭ كېرەك. \v 16 \add پادىشاھ\add* بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئاتلارنى كۆپەيتىمەن دەپ خەلقنى مىسىرغا قايتۇرماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە: «سىلەر شۇ يول بىلەن ھەرگىز قايتماسلىقىڭلار كېرەك» دېگەنىدى. \m \v 17 پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك. \m \v 18 پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك. \v 19 شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. \v 20 شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆڭلى قېرىنداشلىرى ئالدىدا ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئەمرلەردىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىق كۈنلىرى كۆپ بولىدۇ.\f □ \fr 17:20 \ft \+bd «بۇ ئەمرلەردىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ ئەمردىن...».\f* \b \b \m \c 18 \s1 لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ نېسىۋىسى \m \v 1 لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە \add پەرۋەردىگارنىڭ\add* مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ، \f □ \fr 18:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن يېيىش»\+bd* ــ دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ مىراسى بولغان زېمىندىكى مەھسۇلاتلاردىن يېيىش.\f*  \x + \xo 18:1 \xt چۆل. 18‏:20؛ قان. 10‏:9؛ 1كور. 9‏:13\x* \v 2 بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. \x + \xo 18:2 \xt چۆل. 18‏:20-32؛ قان. 10‏:9؛ ئ‍ەز. 44‏:28\x* \v 3 كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ. \v 4 سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛ \v 5 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان. \m \v 6 ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە \v 7 ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا، \v 8 ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك.\f □ \fr 18:8 \ft \+bd «مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن،...»\+bd* ــ لاۋىيلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چوڭ زېمىنى بولمايتتى، بەلكى پەقەت بەزى شەھەرلەردە قورۇ-جايلىرى ۋە ئەتراپىدا چەكلىك يايلاقلىرىلا بولاتتى. «چۆل.» 1:35-8نى كۆرۈڭ. باشقا نەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.\f* \b \m \s1 سېھىر-جادۇگەرلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ھەقىقىي پەيغەمبەرگە قۇلاق سېلىڭلار \m \v 9 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك. \v 10 ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك \f □ \fr 18:10 \ft \+bd «...بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش»\+bd* ــ بەلكىم «ئىنسان قۇربانلىقى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 18:10 \xt لاۋ. 18‏:21؛ 20‏:27؛ 1سام. 28‏:7؛ يەش. 8‏:19\x* \v 11 ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛ \v 12 چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. \m \v 13 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛ \v 14 چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ. \b \m \s1 كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ پەيغەمبەر \m \v 15 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. \x + \xo 18:15 \xt يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 3‏:22؛ 7‏:37\x* \v 16 بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. \x + \xo 18:16 \xt مىس. 20‏:19؛ قان. 5‏:25؛ ئىبر. 12‏:19\x* \v 17 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى. \v 18 مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ. \x + \xo 18:18 \xt يـۇھ. 4‏:25\x* \v 19 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن.\f □ \fr 18:19 \ft \+bd «\+bd*\+bdit شۇ پەيغەمبەر\+bdit* مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن» ــ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \m \v 20 ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن.\f □ \fr 18:20 \ft \+bd «باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر ... ئۆلتۈرۈلسۇن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر ... ئۆلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆزلۈكىدىن ئۆلىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ كۆرسەتكىنى شۇ پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 18:20 \xt قان. 13‏:6؛ يەر. 14‏:14\x* \m \v 21 ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ، \v 22 بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما. \b \b \m \c 19 \s1 ئادەم ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى قانۇن ــ پاناھلىق شەھەرلىرى \m \v 1 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندىكى تائىپىلەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋاقتىدا ۋە سىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۆيلىرىدە تۇرغىنىڭلاردا، \v 2 سىلەر شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ \x + \xo 19:2 \xt مىس. 21‏:13؛ چۆل. 35‏:9-34؛ يە. 20‏:2\x* \v 3 شۇنداقلا، ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىۋالسۇن دەپ يول ھازىرلاپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىراس بولۇشقا سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئۈچ رايونغا بۆلىسىلەر. \v 4 تىرىك قېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە قېچىپ بېرىۋالغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە مۇنداق: ــ ئۇ قوشنىسىنى تاسادىپىيلىقتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇنداقلا ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان بولسا، شۇ يەرگە قېچىپ بېرىۋالسا بولىدۇ. \x + \xo 19:4 \xt مىس. 21‏:13؛ قان. 4‏:42،41\x* \v 5 مەسىلەن، ئۇ قوشنىسى بىلەن ئوتۇن كېسىشكە ئورمانغا كىرگەن بولۇپ، دەرەخنى كېسىشكە پالتىنى كۆتۈرگەندە پالتا بېشى سېپىدىن ئاجراپ كېتىپ قوشنىسىغا تېگىپ كېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنداقتا جاۋابكار كىشى بۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ ھايات قالىدۇ؛ \v 6 بولمىسا، قان قىساسى ئالغۇچى غەزىپى قاينىغاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قوغلايدۇ ۋە يول ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلىدە قوشنىسىغا ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق ئىدى. \f □ \fr 19:6 \ft \+bd «قان قىساسى ئالغۇچى»\+bd* ــ قان قىساسىغا ئېلىشقا ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ رولى توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەر «چۆل.» 10:35-35دە كۆرسىتىلىدۇ. \+bd «يول ئۇزۇن بولغاچقا»\+bd* ــ بىرلا پاناھلىنىدىغان شەھەر بولغاندا، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى تۇرغان جاي ئۇ شەھەرگە يىراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ شۇڭا، پەلەستىندە بىر-بىرىدىن تارقاق ئالتە شەھەر (ئاندىن يەنە ئۈچ شەھەر) تاللىنىپ «پاناھلىق شەھەر» دەپ بېكىتىلگەن.\f* \v 7 شۇڭا مەن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلار شۇنداق ئۈچ شەھەرنى ئايرىشىڭلار كېرەك» دەپ ئەمر قىلىمەن. \m \v 8 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغىنىدەك چېگرايىڭلارنى كېڭەيتىشنى، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى سىلەرگە تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ؛ \x + \xo 19:8 \xt يار. 28‏:13؛ قان. 12‏:20\x* \v 9 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يوللىرىدا دائىم مېڭىش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ ئەمرنى تۇتساڭلارلا ئۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈچ شەھەردىن باشقا يەنە ئۈچ شەھەرنى قوشىسىلەر. \f □ \fr 19:9 \ft \+bd «مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ ئەمر»\+bd* ــ بەلكىم «قانۇن شەرھى» دېگەن كىتابتىكى ئەھدە، يەنى بارلىق ئەمر-پەرمانلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 19:9 \xt يە. 20‏:7\x* \v 10 ۋە شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان زېمىن ئارىسىدا ناھەق قان تۆكۈلمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك گەدىنىڭلارغا خۇن گۇناھى چۈشمەيدۇ. \v 11 لېكىن بىرسى قوشنىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت تۇتقان بولسا، پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ۋە شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان بولسا، \x + \xo 19:11 \xt يار. 9‏:6؛ مىس. 21‏:14،12؛ لاۋ. 24‏:17؛ چۆل. 35‏:16\x* \v 12 ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ «قان قىساسى ئالغۇچى»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. \v 13 سەن ئۇنى ھېچ ئايىمىغىن، شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلدىن تۆكۈلگەن گۇناھسىز قاننىڭ دېغىنى تازىلىغان بولىسىلەر؛ ئاندىن ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ.\f □ \fr 19:13 \ft \+bd «سەن ئۇنى ھېچ ئايىمىغىن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ئۇنى ھېچ ئايىمىسۇن».\f* \b \m \s1 گۇۋاھچىلار توغرۇلۇق قانۇن \m \v 14 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئىگىلەش ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان زېمىندا بۇرۇنقىلار مىراس يېرىڭدە بېكىتكەن، قوشناڭنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەسلىكىڭ كېرەك.\x + \xo 19:14 \xt پەند. 22‏:28\x* \m \v 15 مەلۇم جىنايەت ياكى گۇناھ توغرىسىدا بىرسىگە «ئۇ گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىشتا يالغۇز بىرلا گۇۋاھچى بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ھەممە ئىش ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن بېكىتىلسۇن.\x + \xo 19:15 \xt چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ مات. 18‏:16؛ يـۇھ. 8‏:17؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:2\x* \m \v 16 بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا، \v 17 دەۋالىشىپ قالغان ئىككى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شۇ كۈنلەردە بولىدىغان كاھىنلار ۋە سوراقچى بەگلەر ئالدىدا ھازىر بولسۇن؛ \v 18 سوراقچى بەگلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرسۇن؛ ئەگەر ھېلىقى گۇۋاھچى يالغان گۇۋاھچى بولۇپ، ئۆز قېرىندىشى توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، \v 19 ئۇنداقتا، سىلەر دەل ئۇ قېرىندىشىغا قىلماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىسىلەر. \x + \xo 19:19 \xt پەند. 19‏:5\x* \v 20 قالغان خەلقمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلايدۇ ۋە قورقىدۇ ۋە شۇنداقلا، ئاراڭلاردا ئۇنداق رەزىل ئىشنى يەنە قىلمايدۇ. \v 21 سىلەر ھېچ رەھىم قىلماڭلار؛ جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىنسۇن.\f □ \fr 19:21 \ft \+bd «سىلەر ھېچ رەھىم قىلماڭلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ھېچ ئايىمىسۇن». \+bd «جانغا جان، چىشقا چىش، پۇتقا پۇت ... ئېلىنسۇن»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «قىساس ئېلىش» پرىنسىپى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنىنىڭ ئادىل تەلىپىدۇر. خۇداغا تەشەككۈر، ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئادىللىقىدىن زىيادە ھالقىپ چىقىدۇ! «مات.» 38:5-48نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 19:21 \xt مىس. 21‏:23؛ لاۋ. 24‏:20؛ مات. 5‏:38\x* \b \b \m \c 20 \s1 دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق \m \v 1 ئەگەر سەن دۈشمەنلىرىڭگە جەڭ قىلغىلى چىقىپ، ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزۈڭدىن كۆپ بولغان بىر ئەلنى كۆرسەڭ، ئۇلاردىن ھېچ قورقما. چۈنكى سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى سەن بىلەن بىللىدۇر. \v 2 سىلەر جەڭگە چىقىش ئالدىدا كاھىن ئۆزى ئالدىغا چىقىپ خەلققە سۆز قىلىپ \v 3 ئۇلارغا: ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. كۆڭۈللىرىڭلار جۈرئەتسىز بولمىسۇن؛ قورقماڭلار، تىترىمەڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىدۇ» ــ دەپ ئېيتسۇن. \m \v 5 شۇ چاغدا ئەمەلدارلار خەلققە مۇنداق دېسۇن: ــ «ئاراڭلاردا بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، ئۇنى \add خۇداغا\add* ئاتىمىغان بىرسى بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى \add خۇداغا\add* ئاتىشى مۇمكىن. \m \v 6 تەك سېلىپ ئۈزۈمزار بەرپا قىلىپ، تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمىگەن بىركىم بارمۇ؟ بار بولسا ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىشى مۇمكىن.\x + \xo 20:6 \xt لاۋ. 19‏:25،24،23\x* \m \v 7 بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن».\x + \xo 20:7 \xt قان. 24‏:5\x* \m \v 8 ئاندىن مەنسەپدارلار خەلققە يەنە سۆزلەپ: «قورقۇپ كەتكەن، جۈرئەتسىز بىركىم بارمۇ؟ ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن. بولمىسا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكىمۇ ئۇنىڭكىدەك جاسارەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئېيتسۇن.\x + \xo 20:8 \xt ھاك. 7‏:3\x* \m \v 9 ئەمەلدارلار خەلققە شۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇنلارغا سەردارلارنى تىكلىسۇن. \m \v 10 سىلەر ھۇجۇم قىلىشقا مەلۇم بىر شەھەرگە يېقىنلاشقىنىڭلاردا ئاۋۋال ئۇنىڭغا سۈلھى توغرىسىدا سۆز قىلىڭلار. \v 11 ئەگەر ئۇلار سۈلھىنى خالايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆز دەرۋازىلىرىنى سىلەرگە ئاچسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممە خەلق سىلەرگە بېقىنىپ قۇللۇق ھاشاردا بولىدۇ. \v 12 لېكىن سىلەر بىلەن سۈلھى قىلىشقا ئۇنىماي، بەلكى سىلەر بىلەن جەڭ قىلماقچى بولسا سىلەر ئۇنى قورشاڭلار. \v 13 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئەركەكنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ \v 14 لېكىن ئاياللار بىلەن بالىلىرى، كالا بىلەن شەھەردىكى ھەممە نەرسىنى، يەنى بارلىق غەنىيمەتنى ئۆزۈڭلارغا ئولجا قىلىپ ئېلىڭلار؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئېلىپ بەرگەن ئولجىدىن يەپ سۆيۈنىسىلەر. \v 15 سىلەردىن يىراقتا بولغان، \add زېمىنغا تەۋە بولمىغان\add* ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىگە شۇنداق قىلىڭلار. \b \m \s1 قانائانىيلار بىلەن جەڭ قىلىشتىكى قانۇن \m \v 16 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىنىقى بار ھېچ نەرسىنى تىرىك قويماي، \x + \xo 20:16 \xt چۆل. 33‏:52؛ قان. 7‏:1، 2\x* \v 17 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك ھىتتىيلار بىلەن ئامورىيلار، قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار بىلەن يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك. \v 18 بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتىكى ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا گۇناھ قىلىدىغان بولىسىلەر. \m \v 19 بىر شەھەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىپ قورشاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى پالتا بىلەن كېسىپ ۋەيران قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كەسمەڭلار؛ چۈنكى دالادىكى دەرەخلەر قورشىۋېلىش كېرەك بولغان ئادەممىدى؟ \v 20 لېكىن سىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس دەپ بىلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ يوقىتىپ، سىلەر بىلەن سوقۇشقان شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ غۇلىتىشقا شۇ دەرەخلەردىن ئىستىھكام-پوتەيلەرنى ياسىساڭلار بولىدۇ. \b \b \m \c 21 \s1 ئېنىقلانمىغان قاتىللىق دېلوسى توغرىسىدا \m \v 1 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، دالادا ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەسەت تېپىلسا، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەم مەلۇم بولمىسا، \v 2 ئاقساقاللىرىڭلار بىلەن سوراقچى بەگلىرىڭلار چىقىپ ئۆلۈك تېپىلغان يەر بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىسۇن؛ \v 3 ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى بولسا ئىشقا سېلىنمىغان، بويۇنتوروقمۇ سېلىنمىغان ئىنەك تېپىپ كەلسۇن؛ \v 4 شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئىنەكنى سۈيى توختىماي ئاقىدىغان، ھەيدىلىپ تېرىلمىغان بىر جىلغىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ جىلغىنىڭ ئۆزىدە ئىنەكنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتسۇن؛ \v 5 شۇ چاغدا لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە تاللىغاندۇر. ھەربىر دەۋا ۋە ھەربىر تاياق جازاسى ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە كېسىلسۇن. \v 6 ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەردىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى شۇ جىلغىغا كېلىپ، بوينى سۇندۇرۇلغان ئىنەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇپ \v 7 گۇۋاھلىق بېرىپ: «قوللىرىمىز بولسا بۇ قاننى تۆكمىدى، كۆزلىرىمىز بۇ ئىشنى كۆرمىدى؛ \v 8 ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئىسرائىلنى كەچۈرگەيسەن ۋە ناھەق ئاققان قاننىڭ گۇناھىنى ئىسرائىل خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» ــ دېسۇن؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قان گۇناھىغا كافارەت كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ. \v 9 سىلەر شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ ناھەق تۆكۈلگەن قاننىڭ گۇناھىنى ئۆزۈڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن بولىسىلەر. \b \m \s1 خوتۇنلۇققا ئېلىنغان ئەسىر توغرۇلۇق قانۇن \m \v 10 ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەچ، ئۇلاردىن ئەسىر ئالغان بولساڭلار، \v 11 بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئېلىشنى خالىساڭ، \v 12 ئۇنداقتا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن؛ ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ياساپ، \v 13 ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ. \v 14 كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن. \b \m \s1 بالىلار توغرۇلۇق قانۇن \m \v 15 ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا \v 16 ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ. \v 17 ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن.\x + \xo 21:17 \xt يار. 49‏:3؛ 1تار. 5‏:1؛ زەب. 78‏:51\x* \m \v 18 ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا، \v 19 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن؛ \f □ \fr 21:19 \ft \+bd «... ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ... شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن»\+bd* ــ كونا زامانلاردا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى سوراق-دەۋالار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى.\f* \v 20 ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: ــ «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن. \v 21 شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سىلەر بۇ يول بىلەن ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر؛ پۈتكۈل ئىسرائىل بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ. \b \m \s1 جىنايەتچىنىڭ جەسىتى \m \v 22 ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ۋە جەسىتىنى بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغان بولساڭلار، \v 23 ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم \add دەرەخكە\add* ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر.\x + \xo 21:23 \xt گال. 3‏:13\x* \b \b \m \c 22 \s1 يىتكەن جانىۋارلار، كىيىنىش قاتارلىقلار توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەر \m \v 1 سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى يا قويى ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، چاتىقىڭ بولماي يۈرمە؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەر. \x + \xo 22:1 \xt مىس. 23‏:4\x* \v 2 ئەگەردە قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن ئولتۇرمىسا ۋە ياكى ئىگىسىنى تونۇمىساڭ، شۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگۈچە ئۆزۈڭ ساقلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. \v 3 سەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ يىتكەن ئېشىكى ياكى كىيىملىرىنىمۇ شۇنداق قىل؛ شۇنداقلا قېرىندىشىڭنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلغىن؛ سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئىشتىن قاچۇرمىغىن. \m \v 4 ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، سەن بۇ ئەھۋالدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن؛ قېرىندىشىڭغا ياردەملىشىپ ئۇلىغىنى تارتىپ تۇرغۇزغىن. \m \v 5 ئايال كىشى بولسا ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بولىدۇ. \m \v 6 ئەگەر سەن يولدا كېتىۋېتىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە بالىلىرى ياكى تۇخۇملىرى بولغان قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچرىساڭ، ئانىسى تۇخۇم ياكى بالىلىرىنى بېسىپ ياتقان بولسا، ئانا-بالىلىرىنى بىراقلا ئالمىغىن؛ \v 7 ھېچ بولمىغاندا سەن ئانىسىنى قويۇۋېتىپ، بالىلىرىنىلا ئالساڭ بولىدۇ؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. \m \v 8 يېڭى بىر ئۆي سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن؛ بولمىسا بىرسى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۆزۈڭگە قان تۆكۈلۈش گۇناھىنى كەلتۈرۈشۈڭ مۇمكىن. \b \m \s1 ساپلىق توغرىسىدىكى ئىشلار \m \v 9 ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن؛ بولمىسا تېرىغىنىڭنىڭ ھەممىسى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ.\f □ \fr 22:9 \ft \+bd «ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن»\+bd* ــ مەنىسى (1) ئۈزۈمزار ئىچىدە ئىككى خىل ئاشلىق تېرىشقا بولمايدۇ؛ (2) ئۈزۈمزار ئىچىدە، ئۈزۈم ئۇرۇقلىرىدىن باشقا ئۇرۇقلارنى تېرىشقا بولمايدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى مەنىسى توغرىدۇر («لاۋ.» 19:19نى كۆرۈڭ). \+bd «بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇقەددەسلىككە مۇسادىرە قىلىنىدۇ» ــ دېمەك، مۇسادىرە قىلىنىپ خۇداغا، يەنى ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتتە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. \fp شۈبھىسىزكى، بۇ ئايەتتىكى ۋە 10-11-ئايەتلەردىكى ئەمرلەرنىڭ ھەم ئەمەلىي پايدىسى بار ھەم روھىي جەھەتتىن كۆپ كۆچمە مەنىسى بار. ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ئىنجىلدىن شۇ كۆپ كۆچمە مەنىلىرىنى تاپالايدۇ.\f*  \x + \xo 22:9 \xt لاۋ. 19‏:19\x* \m \v 10 سەن كالا بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ يەر ھەيدىمىگىن. \m \v 11 يۇڭ ۋە كاناپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمىگىن. \m \v 12 سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە پۆپۈك قويغىن.\x + \xo 22:12 \xt چۆل. 15‏:38؛ مات. 23‏:5\x* \b \m \s1 ئەر-خوتۇنلۇقتا ساپ دىللىق بولۇش كېرەك \m \v 13 ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، \v 14 ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە، \v 15 ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن، \v 16 ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛ \v 17 ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. \v 18 ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ، \v 19 ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. \m \v 20 لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا، \v 21 قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. \m \v 22 ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.\x + \xo 22:22 \xt لاۋ. 20‏:10\x* \m \v 23 ئەگەر بىرسى شەھەردە بىراۋ بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، \v 24 ئىككىلىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ قىز بولسا شەھەردە تۇرۇپ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزى بىلەن ياتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. \m \v 25 ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. \v 26 قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. \v 27 چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇدەك كىشى تېپىلمىغان. \m \v 28 ئەگەر بىرسى بىرەر ئەر بىلەن ۋەدىلەشمىگەن قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ھەر ئىككىسى تۇتۇلسا، \v 29 قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ خار قىلغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شەكەل كۈمۈش بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشى كېرەك؛ ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ.\x + \xo 22:29 \xt مىس. 22‏:16\x* \m \v 30 ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى ئالماسلىقى كېرەك، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك.\f □ \fr 22:30 \ft \+bd «ئاتىسىنىڭ خوتۇنى»\+bd* ــ ئۆگەي ئانىسى ياكى ئاتىسىنىڭ توقىلى. \+bd «ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك»\+bd* ــ دېمەك، ئاتىسىنىڭ توقىلى ياكى ئۆگەي ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ئاتىسىنىڭ نومۇسىغا تەگكەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.\f* \b \b \m \c 23 \s1 جامائەتنىڭ ساپلىقى \m \v 1 كىمكى سوقۇلۇش ياكى كېسىلىش تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىۋېتىلگەن بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن.\f □ \fr 23:1 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى»\+bd* ــ بۇ ئىبارە: بىرىنچىدىن مۇقەددەس جاي ئالدىدا بولسۇن ياكى باشقا يەرلەردە بولسۇن ئىبادەت سورۇنلىرىنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا تاپشۇرغان ھېيت-بايراملارغا قاتنىشىش ئىمتىيازىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىسرائىلدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالار، يەنى ئەمەلدار، ئاقساقاللار ياكى سوراقچى بولالايدىغانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. \fp «...ئاختا بولۇپ قالغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرەلمەس» ــ قەدىمكى زامانلاردا بۇتپەرەسلەر ئۆز بۇتلىرىغا ساداقەتلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بەزىدە ئۆز جىنسىي ئەزالىرىنى كېسىۋېتەتتى.\f* \m \v 2 كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. \m \v 3 ھېچبىر ئاممونىي ۋە يا ھېچبىر موئابىي پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە ئۇلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ھەرگىز كىرمىسۇن. \x + \xo 23:3 \xt نەھ. 13‏:1\x* \v 4 سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقا سىلەرنى قارغىسۇن دەپ، ئارام-ناھارائىمدىكى پېتورلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى ياللىدى. \f □ \fr 23:4 \ft \+bd «ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار ئالدىڭلارغا نان، سۇ ئېلىپ چىقمىدى».\f*  \x + \xo 23:4 \xt چۆل. 22-24\x* \v 5 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا بالائامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن قارغىشنى بەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۇھەببەت باغلىغان. \v 6 سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا \add ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار\add*نىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بەختىنى ھەرگىز ئىستىمەڭلار. \m \v 7 لېكىن ئېدومىيلار قېرىندىشىڭلار بولغاچ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىماڭلار. مىسىرلىقلارغىمۇ نەپرەت بىلەن قارىماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىدىڭلار. \v 8 بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ. \b \m \s1 شەخسىي تازىلىق \m \v 9 دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن. \v 10 ئەگەر ئاراڭلاردا كېچىسى بىرسى چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ ناپاك بولغان بولسا، ئۇ چېدىرگاھدىن چىقىپ كەتسۇن؛ چېدىرگاھقا ئۇدۇللا كىرمىسۇن؛\f □ \fr 23:10 \ft \+bd «شەيتان ئاتلاپ»\+bd* ــ بىز مۇشۇ سۆزنى تەرجىمىمىزدە ئىشلەتكىنىمىز شەيتاننىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكىنىمىز يوق. ئوقۇرمەنلەر بۇ سۆزگە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتتۇق، خالاس.\f* \v 11 كەچقۇرۇن كىرگەندە ئۇ سۇغا چۈشۈپ، كۈن پاتقاندا چېدىرگاھغا يېنىپ كىرسۇن. \m \v 12 \add ھاجىتىڭلار\add* ئۈچۈن چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بىر جايىڭلار بولسۇن؛ تەرەتكە شۇ يەرگە بېرىڭلار. \v 13 سايمانلىرىڭ ئىچىدە بىر گۈرجەك بولسۇن؛ سەن سىرتتا تەرەتكە ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆرەك كولاپ تەرىتىڭنى كۆمۈۋەت. \v 14 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزۇشقا، دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭلارغا تاپشۇرۇشقا چېدىرگاھىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ؛ شۇڭا سېنىڭ چېدىرگاھىڭ پاك بولسۇن. بولمىسا ئۇ سېنىڭكىدە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە سەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. \b \m \s1 قۇللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش \m \v 15 ئۆز خوجىسىدىن قېچىپ يېنىڭغا كەلگەن قۇلنى ئۆز خوجىسىغا تۇتۇپ بەرمىگىن. \v 16 ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، قايسى شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە قايسى يەرنى تاللىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار. \m \v 17 ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن. \v 18 بىر قەسەمنى بەجا كەلتۈرمەك ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە پاھىشىنىڭ پۇلىنى ياكى ھەزىلەكنىڭ پۇلىنى كەلتۈرمىگىن؛ چۈنكى بۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر.\f □ \fr 23:18 \ft \+bd «ھەزىلەك»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىت». ئايەتتە ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلغىنى بۇتپەرەسلىك يولىدا پاھىشە بولۇپ تېنىنى ساتقۇچىلار.\f* \b \m \s1 ئۆسۈم ۋە قەسەملەر توغرۇلۇق \m \v 19 سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردىن ئۆسۈم ئالماڭلار؛ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ئاشلىقنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئۆسۈم ئالغۇدەك باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمىنى ئالساڭلار بولمايدۇ. \x + \xo 23:19 \xt مىس. 22‏:25؛ لاۋ. 25‏:36؛ نەھ. 5‏:2-13؛ لۇقا 6‏:34 ،35\x* \v 20 ئەمما چەتئەللىكتىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندا، قوللىرىڭلارنىڭ بارلىق ئەمگىكىدە سىلەرگە بەرىكەت بېرىدۇ. \m \v 21 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھايال قىلما. بولمىسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن. \x + \xo 23:21 \xt چۆل. 30‏:3\x* \v 22 لېكىن ئەگەر سەن بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلمىساڭ، ئۇ ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. \m \v 23 ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك. \m \v 24 سەن قوشناڭنىڭ تاللىقىغا كىرسەڭ خالىغىنىڭچە يەپ تويۇن، ئەمما قاچا-قۇچاڭغا ئېلىپ ماڭمىغىن. \m \v 25 قوشناڭنىڭ پىشقان زىرائەتلىكىگە كىرسەڭ، قولۇڭ بىلەن زىرائەتنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ ئالساڭ بولىدۇ؛ ئەمما قوشناڭنىڭ زىرائەتلىرىگە ئورغاق سالغۇچى بولما.\x + \xo 23:25 \xt مات. 12‏:1\x* \b \b \m \c 24 \s1 تالاق خېتى بېرىش توغرۇلۇق \m \v 1 ئەگەر بىرسى بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ تالاق خېتىنى پۈتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. \f □ \fr 24:1 \ft \+bd «بىرسى... \+bd*\+bdit ئايالىدا\+bdit* بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ،...» ــ بۇ يەردىكى «سەت (ئۇياتلىق) ئىش» زىنانى كۆرسەتمەيدۇ؛ زىناخورلۇق بولسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلەتتى. شۇڭا «سەت ئىش» بەلكىم ئايالىنىڭ باشقا ئەرلەرگە قاراپ ناز-كەرەشمە قىلىشى، زىنا قىلماي لېكىن باشقا بىرسى بىلەن بىرخىل ئوينىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 24:1 \xt مات. 5‏:31؛ 19‏:7؛ مار. 10‏:4\x* \v 2 ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ. \v 3 بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى يامان كۆرۈپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە \v 4 ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى ئۇنى ناپاك ھېسابلاپ، ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ. سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننىڭ ئۈستىگە گۇناھ يۈكلىمىگىن.\f □ \fr 24:4 \ft \+bd «...ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ»\+bd* ــ نېمىشقا بۇ ئىش «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ»؟ بۇ مەسىلە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \m \s1 رەھىمدىللىق، ماخاۋ كېسىلى ۋە ئادالەت توغرۇلۇق \m \v 5 ئەگەر بىركىم يېڭىدىن خوتۇن ئالغان بولسا ئۇنىڭغا نە جەڭگە چىقىش، نە باشقا بىرەر ئىشقا بۇيرۇلمىسۇن؛ ئۇ بەلكى ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئەركىن-ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن.\x + \xo 24:5 \xt قان. 20‏:7\x* \m \v 6 ھېچكىم يارغۇنچاق ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى كاپالەتكە ئالمىسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش بىرسىنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئالغاندەك بولىدۇ. \m \v 7 ئەگەر بىركىم ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىنىڭ بىرىنى بۇلاپ كېلىپ، ئۇنى قۇلدەك ئىشلەتسە ۋە ياكى ئۇنى سېتىۋەتسە شۇ بۇلاڭچى ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار ئاراڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.\x + \xo 24:7 \xt مىس. 21‏:16\x* \m \v 8 پېسە-ماخاۋ ۋاباسى پەيدا بولسا، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، لاۋىي كاھىنلارنىڭ سىلەرگە بارلىق كۆرسەتكىنىنى قىلىڭلار؛ مەن ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسام شۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. \x + \xo 24:8 \xt لاۋ. 13‏:2\x* \v 9 مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە قانداق قىلغىنىنى ئەسكە ئېلىڭلار.\f □ \fr 24:9 \ft \+bd «... پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە قانداق قىلغىنىنى ئەسكە ئېلىڭلار»\+bd* ــ «چۆل.» 1:12-15نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 24:9 \xt چۆل. 12‏:10\x* \m \v 10 ئەگەر سەن ئۆز بۇرادەر-قوشناڭغا قەرز بەرسەڭ، كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرمىگىن؛ \v 11 بەلكى تاشقىرىدا تۇرۇپ تۇر؛ ساڭا قەرزدار كىشى ئۆزى ساڭا بېرىدىغان كاپالەتنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقسۇن. \v 12 شۇ كىشى يوقسۇل بولسا سەن ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان \add كىيىمنى\add* يېپىنىپ ئۇخلىمىغايسەن؛ \f □ \fr 24:12 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان كىيىمنى يېپىنىپ ئۇخلىمىغايسەن»\+bd* ــ ياكى «كەچتە ئۇخلىغىنىڭدا ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان كىيىمنى يېنىڭدا قالدۇرمىغىن».\f* \v 13 ھېچ بولمىغاندا سەن بەلكى كاپالەتنى كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئۇ ئۆز تونىنى يېپىنىپ ئۇخلىغاندا، ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ. شۇنداق قىلساڭ بۇ ئىش ساڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق سانىلىدۇ.\x + \xo 24:13 \xt مىس. 22‏:26\x* \m \v 14 ئاجىز، نامرات مەدىكارغا ناھەقلىق قىلما، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بولسۇن ياكى يېزا-شەھەرلىرىڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلاردىن بولسۇن. \x + \xo 24:14 \xt لاۋ. 19‏:13؛ ياق. 5‏:4\x* \v 15 ئۇ نامراتلىقتىن ئۆز ھەققىگە ئىنتىزار بولغاچقا، ئۇ ئىشلىگەن شۇ كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ھەققىنى چوقۇم بەرگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ، بۇ ئىش گۇناھ بولۇپ بېشىڭغا چۈشىدۇ. \m \v 16 بالىلىرىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئاتا ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىلارمۇ ئاتىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن؛ بەلكى جىنايىتى بار بولغان ھەربىر كىشى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن.\x + \xo 24:16 \xt 2پاد. 14‏:6؛ 2تار. 25‏:4؛ يەر. 31‏:30؛ ئ‍ەز. 18‏:20\x* \m \v 17 سەن مۇساپىر ياكى يېتىم توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىما؛ تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ كاپالەتكە ئالما، \x + \xo 24:17 \xt مىس. 22‏:22،21؛ پەند. 22‏:22؛ يەش. 1‏:23؛ يەر. 5‏:28؛ 22‏:3؛ ئ‍ەز. 22‏:29؛ زەك. 7‏:10\x* \v 18 بەلكى ئۆزۈڭنىڭ مىسىردا قۇل بولۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇپ كەلگىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. \m \v 19 سەن ئېتىزلىقىڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭدا بىر باغ ئۆنچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېنىپ بارمىغىن؛ ئۇ ئۆنچە مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ بارلىق ئەمگىكىنى بەرىكەتلەيدۇ.\x + \xo 24:19 \xt لاۋ. 19‏:9؛ 23‏:22\x* \m \v 20 زەيتۇن دەرىخىڭنى قاققىنىڭدىن كېيىن شاخلىرىدا قالغانلىرىنى قايتا قاقما؛ قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. \m \v 21 ئۈزۈمزارلىقىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ۋاشاڭ قىلمىغىن. قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. \m \v 22 ئۆزۈڭنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگىن؛ شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. \b \b \m \c 25 \s1 ھەر تۈرلۈك قانۇن-بەلگىلىمىلەر \m \v 1 ئەگەر ئىككى كىشى بىرنەرسىنى تالىشىپ قېلىپ، ھۆكۈم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوت ئالدىغا كەلسە، ئۇنداقتا سوراقچىلار دەۋاغا ھۆكۈم چىقىرىپ ھەقدارنى ھەق، گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھكار دەپ جاكارلىسۇن. \v 2 ئەگەر گۇناھكار ئادەم دەررىگە لايىق بولسا، سوراقچى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىغا لايىق ساناپ دەررىلىسۇن. \v 3 لېكىن پەقەت قىرىق دەررىلا ئۇرۇلسۇن؛ شۇنىڭدىن زىيادە ئۇرۇلمىسۇن، كۆپ ئۇرۇلسا شۇ قېرىندىشىڭ كۆز ئالدىڭدا كەمسىتىلگەن بولىدۇ.\x + \xo 25:3 \xt 2كور. 11‏:24\x* \m \v 4 سەن خامان تېپىۋاتقان كالىنىڭ ئاغزىنى بوغمىغىن.\x + \xo 25:4 \xt 1كور. 9‏:9؛ 1تىم. 5‏:18\x* \m \v 5 ئەگەر بىر يەردە تۇرىدىغان قېرىنداش ئاكا-ئىنىلارنىڭ بىرى بالا يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن؛ بەلكى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن؛ \x + \xo 25:5 \xt مات. 22‏:24؛ مار. 12‏:19؛ لۇقا 20‏:28\x* \v 6 ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئىسمى ئىسرائىلدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ تۇنجى بالىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلسۇن. \m \v 7 لېكىن ئەگەر بۇ كىشى يەڭگىسىنى ئېلىشنى خالىمىسا، يەڭگىسى \add شەھەر\add* دەرۋازىسىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئېرىمنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلدا قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى؛ ئۇ مەن ئۈچۈن بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۇنىمىدى»، دەپ ئېيتسۇن.\x + \xo 25:7 \xt رۇت 4‏:7\x* \m \v 8 ئاندىن ئۇنىڭ شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئۇ: «مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالىمايمەن»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا، \v 9 يەڭگىسى ئاقساقاللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن كەشىنى سالدۇرۇپ، يۈزىگە تۆكۈرۈپ: «بىر تۇغقان قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنسۇن!» دەپ جاكارلىسۇن. \x + \xo 25:9 \xt رۇت 4‏:5\x* \v 10 شۇ كىشىنىڭ نامى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە: «كەشى سېلىنغۇچىنىڭ ئۆيى» دەپ ئاتالسۇن. \m \v 11 ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا بىرىنىڭ ئايالى ئۆز ئېرىگە ياردەملىشىپ ئېرىنى ئۇرغۇچىنىڭ قولىدىن ئاجراتماقچى بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىپ ئۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋالسا، \v 12 ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماي قولىنى كېسىۋەت.\f □ \fr 25:12 \ft \+bd «سەن ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماي...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ئۇنى ھېچ ئايىمىاي...».\f* \m \v 13 سېنىڭ خالتاڭدا چوڭ-كىچىك ئىككى خىل تارازا تېشى بولمىسۇن. \m \v 14 ئۆيۈڭدە چوڭ-كىچىك ئىككى خىل ئەفاھ ساقلىما.\f □ \fr 25:14 \ft \+bd «ئەفاھ»\+bd* ــ ئاشلىق-دانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى، تەخمىنەن 20 ياكى27 لىتر.\f* \m \v 15 تارازا تېشىڭ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن؛ ئەفاھىڭمۇ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ. \v 16 چۈنكى كىمكى شۇنداق ئىشلار قىلسا، كىمكى ناھەق ئىش قىلسا، خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك سانىلىدۇ.\x + \xo 25:16 \xt پەند. 11‏:1\x* \b \m \s1 ئامالەكلەردىن كېلىدىغان خەتەرنى يوقىتىش \m \v 17 مىسىردىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىڭلاردا ئامالەكلەرنىڭ سىلەرگە نېمە قىلغىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ \x + \xo 25:17 \xt مىس. 17‏:8\x* \v 18 ئۇلار خۇدادىن قورقماي، يولدا سىلەرگە ئۇچراپ، سىلەر ھېرىپ-چارچاپ ھالىڭلار قالمىغان چاغدا، كەينىڭلاردا قالغان ئاجىز كىشىلەرنى ئۇرۇپ يوقاتمىدىمۇ؟ ئۇ خۇدادىن ھېچ قورقمىدى. \v 19 شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مىراسىڭ بولسۇن دەپ ساڭا ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئەتراپىڭدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن ئامانلىق بەرگىنىدە، ئامالەكلەرنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدە ئەسلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆچۈرۈۋەت؛ بۇ ئىشنى ئۇنۇتما. \b \b \m \c 26 \s1 مېۋە ۋە باشقا مەھسۇلاتلاردىن «بىرىنچى ھوسۇل»نى خۇداغا ئاتاش \m \v 1 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقاندا، \v 2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىننىڭ ھوسۇلىنى ئالغاندا، سەن يەرنىڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىشىڭ كېرەك؛ \x + \xo 26:2 \xt مىس. 23‏:19؛ 34‏:26؛ لاۋ. 2‏:14؛ 23‏:10؛ چۆل. 15‏:17\x* \v 3 ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان زېمىنغا كىردىم، بۈگۈن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولغىنىغا گۇۋاھمەن»، دەپ ئېيتىسەن. \b \m \v 4 كاھىن سېۋەتنى قولۇڭدىن ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا قويىدۇ؛ \v 5 ئاندىن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيسەن: ــ «مېنىڭ ئاتام ئەسلى غېرىب بىر ئارامىي ئىدى؛ مىسىرغا چۈشۈپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ يەردە سانى ئاز مۇساپىر بولسىمۇ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ئۇلۇغ، كۈچلۈك، چوڭ بىر خەلق بولدى. \f □ \fr 26:5 \ft \+bd «مېنىڭ ئاتام ئەسلى غېرىب...»\+bd* ــ ياكى «مېنىڭ ئاتام ئەسلى سەرگەردان» ياكى «مېنىڭ ئاتام ئەسلى يوقاپ كېتەي دېگەن».\f*  \x + \xo 26:5 \xt يار. 46‏:1\x* \v 6 لېكىن مىسىرلىقلار بىزگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، زۇلۇم سېلىپ بىزنى ئېغىر ئەمگەككە سالدى. \v 7 ئەمما بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىۋىدۇق، پەرۋەردىگار ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ بىز تارتىۋاتقان خارلىق، جاپا ۋە زۇلۇمغا نەزىرىنى سالدى. \v 8 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۈچلۈك قول ۋە ئۇزارتقان بىلەك، دەھشەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ \v 9 بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇ زېمىنغا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا ئىگە قىلدى! \m \v 10 ئەمدى مانا، ئەي پەرۋەردىگار، سەن ماڭا بەرگەن بۇ زېمىننىڭ مېۋىسىنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا ئەكەلدىم»، دەيسەن. \m شۇلارنى دەپ، سېۋەتنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىسەن؛ \v 11 شۇنداق قىلىپ سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەممە نېمەتلىرىدىن خۇش بولۇڭلار؛ ئۆزۈڭ، لاۋىيلار ۋە ئاراڭلاردا تۇرىدىغان مۇساپىرلار قوشۇلۇپ شادلىنىڭلار. \b \m \s1 ئۈچىنچى يىلدىكى ئۆشرە \m \v 12 سەن ھەر ئۈچىنچى يىلىدا، يەنى ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە يىلىدا ھەممە ھوسۇلۇڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، سەن لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا دەرۋازىلىرىڭنىڭ ئىچىدە شۇلاردىن يەپ تويۇنسۇن دەپ بېرىسەن؛ \x + \xo 26:12 \xt لاۋ. 27‏:30؛ چۆل. 18‏:24؛ قان. 14‏:28، 29\x* \v 13 ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ شۇنداق دەيسەن: «مەن ئۆيۈمدىن \add خۇداغا\add* مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ، سەن ماڭا تاپىلىغان ئەمر بويىچە بۇلارنى لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا بەردىم؛ مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى نە بۇزمىدىم، نە٪ھېچقاچان ئۇنۇتمىدىم؛ \x + \xo 26:13 \xt قان. 14‏:27\x* \v 14 ماتەم تۇتقانلىرىمدا شۇلاردىن ھېچنېمىنى يېمىدىم، ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ بۇنىڭدىن بىرنېمىنى ئالمىدىم؛ ئۆلگەن كىشىگە ئاتاپ بۇنىڭدىن ھېچنېمە بەرمىدىم، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەر ئىشتا سەن ماڭا ئەمر قىلغىنىڭ بويىچە قىلدىم. \v 15 ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردىن نەزەر سېلىپ ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدەڭ بويىچە، ھەسەل بىلەن سۈت ئاقىدىغان، بىزگە بەرگەن بۇ زېمىننى بەرىكەتلىگەيسەن».\x + \xo 26:15 \xt يەش. 63‏:15\x* \b \m \s1 خۇلاسە \m \v 16 بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئەمر قىلدى؛ پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىل. \m \v 17 سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ خۇدايىڭ بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا قوبۇل قىلدىڭ؛ \x + \xo 26:17 \xt يار. 17‏:7\x* \v 18 ۋە پەرۋەردىگار بولسا بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس خەلقى بولۇشقا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا (ئۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك) سىلەرنى قوبۇل قىلدى.\x + \xo 26:18 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ 14‏:2\x* \m \v 19 شۇنداق بولسا، ئۇ سىلەرگە ئىززەت، نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپ بېرىپ، ئۆزى ياراتقان بارلىق ئەللەردىن سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر.\x + \xo 26:19 \xt قان. 4‏:7\x* \b \b \m \c 27 \s1 شەكەمدە يىغىلىش ــ بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتلىك ئىشلار \m \v 1 مۇسا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ــ \m «مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرنى تۇتۇڭلار. \v 2 ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن كۈندە، سىلەر چوڭ-چوڭ تاشلارنى تىكلەپ ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار؛ \x + \xo 27:2 \xt يە. 4‏:1\x* \v 3 ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلەردە، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى شۇ تاشلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. \v 4 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مېنىڭ بۈگۈنكى ئەمرىم بويىچە شۇ تاشلارنى ئېبال تېغىدا تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. \v 5 سىلەر شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋاب تەگمىگەن تاشلاردىن قۇربانگاھ ياساڭلار؛ \x + \xo 27:5 \xt مىس. 20‏:25؛ يە. 8‏:31\x* \v 6 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بۇ قۇربانگاھى يونۇلمىغان، پۈتۈن تاشلاردىن ياسالسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار، \v 7 ۋە شۇ يەردە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار، ئۇلاردىن يەپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. \v 8 سىلەر شۇ تاشلار ئۈستىگە بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئېنىق پۈتۈپ قويۇڭلار». \m \v 9 ئاندىن مۇسا بىلەن لاۋىي كاھىنلار پۈتكۈل ئىسرائىلغا سۆز قىلىپ: «ئەي ئىسرائىل، شۈك تۇرۇپ ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خەلقى بولدۇڭلار. \v 10 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار» ــ دېيىشتى. \m \v 11 شۇ كۈنى مۇسا خەلققە ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 12 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلار، يەنى شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ بىلەن بىنيامىنلار گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىسۇن. \x + \xo 27:12 \xt قان. 11‏:29\x* \v 13 بۇلار، يەنى رۇبەن، گاد، ئاشىر، زەبۇلۇن، دان بىلەن نافتالى ئېبال تېغىنىڭ ئۈستىدە لەنەت ئوقۇشقا تۇرسۇن. \b \m \s1 ئەھدىدە كۆرسىتىلگەن لەنەتلىك ئىشلار \m \v 14 ئۇ ۋاقىتتا لاۋىيلار ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ \m \v 15 «كىمكى ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىرەر ئويما ياكى قۇيما مەبۇدنى ياساپ چىقسا (پەرۋەردىگار ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىشتۇر!)، ئۇنى يوشۇرۇنچە تىكلەپ قويسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.\f □ \fr 27:15 \ft \+bd «لەنەتكە قالسۇن»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزنىڭ مۇشۇ يەردىكى ئاساسىي ئۇقۇمى خەلقنىڭ لەنىتىگە قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى «خۇدا لەنەت قىلدى»، «خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 16 «كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. \m \v 17 «كىمكى قوشنىسىنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىسە لەنەتكە قالسۇن»، دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن. \m \v 18 «كىمكى بىر كورنى يولدىن ئازدۇرسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. \m \v 19 «كىمكى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. \m \v 20 «كىمكى ئاتىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن ياتسا، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن.\f □ \fr 27:20 \ft \+bd «ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان...»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر توغرۇلۇق 30:22نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 21 «كىمكى ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. \m \v 22 «كىمكى ئاتىسىنىڭ قىزى ياكى ئانىسىنىڭ قىزى بولغان ئۆز ھەمشىرىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» ــ دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. \m \v 23 «كىمكى قېينئانىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. \m \v 24 «كىمكى قوشنىسىنى پايلاپ تۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. \m \v 25 «كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. \m \v 26 «كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.\x + \xo 27:26 \xt گال. 3‏:10\x* \b \b \m \c 28 \s1 ئەھدىنىڭ بەخت-بەرىكەتلىرى \m \v 1 ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭ، خۇدايىڭ پەرۋەردىگار سېنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىدۇ؛ \x + \xo 28:1 \xt لاۋ. 26‏:3\x* \v 2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ بۇ ھەممە بەخت-بەرىكەتلەر ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ \b \m \v 3 سەن شەھەردە بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، سەھرادىمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. \m \v 4 بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى بىلەن يېرىڭنىڭ مېۋىسى، چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى، يەنى كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭ تۇغقىنى بولسا، بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. \m \v 5 سېۋىتىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ، تەڭنەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. \m \v 6 سەن كىرسەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، چىقساڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. \m \v 7 ساڭا قارشى چىققان دۈشمەنلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئالدىڭدا مەغلۇپ قىلىدۇ؛ ئۇلار بىر يول بىلەن ساڭا ھۇجۇمغا كېلىپ، يەتتە يول بىلەن ئالدىڭدىن قاچىدۇ. \m \v 8 سېنىڭ ئامبارلىرىڭدا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا پەرۋەردىگار ئۈستۈڭگە بەخت-بەرىكەت بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ. \m \v 9 ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ يوللىرىدا ماڭساڭ، ئۆزى قەسەم بىلەن ساڭا ۋەدە قىلغاندەك پەرۋەردىگار سېنى تىكلەپ ئۆزىگە مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ. \v 10 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغىنىڭنى كۆرۈپ سەندىن قورقىدۇ. \v 11 پەرۋەردىگار سېنى ياشنىتىدۇ؛ ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىندا سېنى ئۆز بەدىنىڭنىڭ مېۋىسى بىلەن چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنى مول ۋە بەركەتلىك قىلىدۇ.\x + \xo 28:11 \xt قان. 30‏:9\x* \m \v 12 پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر بېرىپ قوللىرىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بەرىكەتلەش ئۈچۈن ئۆز خەزىنىسى بولغان ئاسماننى ساڭا ئاچىدۇ؛ ئۆزۈڭ ھېچ كىمدىن قەرز ئالمايسەن، بەلكى كۆپ ئەللەرگە قەرز بېرىسەن. \v 13 پەرۋەردىگار سېنى قۇيرۇق ئەمەس، باش قىلىدۇ؛ سەن پەقەت ئۈستى بولۇپ، ئاستى بولمايسەن. ئەگەر مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ، \v 14 شۇنداقلا مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان ھەممە سۆزلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن ئوڭ ياكى سولغا چەتنەپ كەتمىسەڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ قۇللۇقىغا كىرمىسەڭ، شۇنداق بولىدۇ. \b \m \s1 بەخت-بەرىكەتنىڭ لەنەتكە ئايلىنىشى \m \v 15 لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرى بىلەن بەلگىلىمىلىرىنى تۇتمىساڭلار ھەم ئۇلارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ \x + \xo 28:15 \xt لاۋ. 26‏:14؛ يىغ. 2‏:17؛ دان. 9‏:13،11؛ مال. 2‏:2 \x* \m \v 16 سەن شەھەردە لەنەتكە قالىسەن، سەھرادىمۇ لەنەتكە قالىسەن. \m \v 17 سېۋىتىڭ لەنەتكە قالىدۇ، تەڭنەڭمۇ لەنەتكە قالىدۇ. \m \v 18 بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى، يېرىڭنىڭ مېۋىسى، كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇغقىنى لەنەتكە قالىدۇ. \m \v 19 سەن كىرسەڭمۇ لەنەتكە قالىسەن، چىقساڭمۇ لەنەتكە قالىسەن. \m \v 20 سېنىڭ پەرۋەردىگارنى تاشلىغان رەزىل قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ئۇ سەن يوق قىلىنغۇچە، تېزدىن ھالاك قىلىنغۇچە، قولۇڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنىڭ ئۈستۈڭگە لەنەت، پاراكەندىلىك ۋە دەشنەم چۈشۈرىدۇ. \v 21 پەرۋەردىگار سەن ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن سېنى يوقاتقۇچە ساڭا ۋابا چاپلاشتۇرىدۇ. \v 22 پەرۋەردىگار سېنى سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ياللۇغلۇق كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، چاۋىرىش ئاپىتى ۋە ھال ئاپىتىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ئاپەتلەر سەن يوق قىلىنغۇچە سېنى قوغلايدۇ.\f □ \fr 28:22 \ft \+bd «قۇرغاقچىلىق»\+bd* ــ ياكى «قىلىچ». \+bd «چاۋىرىش ئاپىتى»\+bd* ــ ياكى «قۇرغاق شامال».\f*  \x + \xo 28:22 \xt لاۋ. 26‏:16\x* \m \v 23 بېشىڭنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان مىستەك، ئايىغىڭنىڭ ئاستىدىكى يەر تۆمۈردەك بولىدۇ. \x + \xo 28:23 \xt لاۋ. 26‏:19\x* \v 24 پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭدا ياغىدىغان يامغۇرنى توپا-چاڭ ۋە قۇم قىلىدۇ؛ ئۇلار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئاسماندىن ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. \m \v 25 پەرۋەردىگار ئۆزى سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا قارشى بىر يول بىلەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يەتتە يول بىلەن قاچىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالىسىلەر. \v 26 ئۆلۈكلىرىڭلار ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار بىلەن يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ؛ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. \v 27 پەرۋەردىگار سېنى مىسىردىكى ساقايماس يارا-چاقىلىرى، چىقان-ھۈررەكلەر، تەمرەتكە، قىچىشقاق بىلەن ئۇرىدۇ. \f □ \fr 28:27 \ft \+bd «مىسىردىكى ساقايماس يارا-چاقىلىرى...»\+bd* ــ بەلكىم خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغاندا مىسىرلىقلارغا چۈشۈرگەن يارا-چاقىلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («مىس.» 9:9-11نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 28:27 \xt مىس. 9‏:9\x* \v 28 پەرۋەردىگار سېنى ساراڭلىق، كورلۇق ۋە پاراكەندىلىك بىلەن ئۇرىدۇ. \v 29 سەن كۈپكۈندۈزدە كور كىشى قاراڭغۇدا تەمتىلىگەندەك تەمتىلەپ يۈرىسەن، بارلىق يوللىرىڭ ئاقمايدۇ؛ سەن كۈندىن-كۈنگە پەقەت زۇلۇم بىلەن بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغۇچى بولىسەن، سېنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. \m \v 30 سەن بىر خوتۇن بىلەن ۋەدىلەشسەڭ باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن ياتىدۇ؛ ئۆينى سالساڭ ئۇنىڭدا ئولتۇرالمايسەن، تەك تىككەن بولساڭ مېۋىسىنى يېيەلمەيسەن. \v 31 كالاڭ كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا سويۇلىدۇ، لېكىن گۆشىدىن يېيەلمەيسەن؛ قاراپ تۇرۇپ ئېشىكىڭ سەندىن بۇلاپ كېتىلىدۇ، ساڭا يېنىپ كەلمەيدۇ. قويلىرىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە ياردەمگە ھېچكىم چىقمايدۇ. \m \v 32 ئوغۇل بىلەن قىزلىرىڭ باشقا بىر ئەلنىڭ قولىغا چۈشۈپ، كۆزلىرىڭ پۈتۈن كۈن ئۇلارغا تەلمۈرۈش بىلەن چارچايدۇ؛ لېكىن قولۇڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. \m \v 33 يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىنى سەن تونۇمايدىغان بىر ئەل يەپ كېتىدۇ؛ سەن بارلىق كۈنلىرىڭدە ئېزىلىپ زۇلۇم تارتىسەن؛ \v 34 كۆزلىرىڭ كۆرگەن ئىشلاردىن سەن ساراڭ بولۇپ كېتىسەن. \m \v 35 پەرۋەردىگار سېنى تاپىنىڭدىن چوققاڭغىچە، تىزىڭ بىلەن پاچاق-پۇتلىرىڭغىچە ساقايماس دەھشەتلىك يارا-چاقىلار بىلەن ئۇرىدۇ. \m \v 36 پەرۋەردىگار سېنى ئۆز ئۈستۈڭگە تىكلىگەن پادىشاھىڭغا قوشۇپ ئۆزۈڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ تونۇمىغان بىر ئەلگە تۇتۇپ بېرىدۇ. سەن شۇ يەردە تۇرۇپ ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىسەن. \v 37 سەن پەرۋەردىگار سېنى ئېلىپ بارىدىغان ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ۋەھىمە، سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىسەن. \b \m \s1 بەخت-بەرىكەتنىڭ لەنەتكە ئايلىنىشى ــ داۋامى \m \v 38 سەن ئېتىزلىققا بېرىپ كۆپ ئۇرۇق چاچىسەن، لېكىن چېكەتكىلەر ئۇلارنى يەپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن ئاز يىغىپ كېلىسەن.\x + \xo 28:38 \xt مىك. 6‏:15؛ ھاگ. 1‏:6\x* \m \v 39 تاللارنى تىكىپ پەرۋىش قىلساڭمۇ، ئۇلارنى قۇرتلار يەپ كېتىپ، نە مېۋىسىنى يىغالمايسەن، نە شاراب ئىچەلمەيسەن. \m \v 40 زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدە زەيتۇن باغلىرىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېيى بىلەن بەدىنىڭنى مەسىھلەپ مايلىيالمايسەن؛ چۈنكى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر پىشمايلا چۈشۈپ كېتىدۇ. \m \v 41 ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنت كۆرسەڭمۇ، لېكىن ئۇلار يېنىڭدا تۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ. \m \v 42 سېنىڭ ھەربىر دەرىخىڭ بىلەن يېرىڭنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەر ئۆزىنىڭ قىلىدۇ. \m \v 43 ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سەندىن بارغانسېرى ئۈستۈن بولۇپ، سەن بارغانسېرى تۆۋەن بولۇپ قالىسەن. \v 44 ئۇ ساڭا قەرز بەرگۈچى بولىدۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا قەرز بېرەلمەيسەن. ئۇ باش بولىدۇ، سەن قۇيرۇق بولىسەن. \m \v 45 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇ ساڭا تاپىلىغان ئەمر ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى سەن ھالاك قىلىنغۇچە سېنى قوغلاپ يېتىپ، ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. \v 46 بۇ لەنەتلەر ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك چۈشىدىغان مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەت بولۇپ قالىدۇ. \m \v 47 سەن كەڭرىچىلىكتە شادلىق ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولمىغاچقا، \v 48 بۇنىڭ ئورنىغا سەن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ كەمچىلىكىدە بولۇپ پەرۋەردىگار ساڭا قارشى ئەۋەتىدىغان دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ قالىسەن؛ ئۇ سېنى ھالاك قىلغۇچە بوينۇڭغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالىدۇ. \v 49 پەرۋەردىگار يىراقتىن، يەنى يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن سەن تىلىنى بىلمەيدىغان، بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىدىغان بىر ئەلنى ساڭا قارشى ئەۋەتىدۇ. \v 50 ئۇ ئەلپازى ئەشەددىي، قېرىلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان ۋە ياشلارغا مېھىر كۆرسەتمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ. \v 51 ئۇ سەن ھالاك بولغۇچە، چارۋىلىرىڭنىڭ نەسلى بىلەن يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سېنى يوقىتىپ بولمىغۇچە ساڭا نە ئاشلىق، نە يېڭى شاراب، نە زەيتۇن مېيى، نە كالاڭنىڭ موزايلىرى نە قوي پادىلىرىڭنىڭ قوزىلىرىدىن بىر نېمىنى قويمايدۇ. \v 52 سەن تايانغان پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى ھەممە ئېگىز، مەھكەم سېپىللىرىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكۈچە، ئۇ پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى بارلىق دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرگەن زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدىكى ھەممە دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ. \v 53 شۇ ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قىستاپ كېلىشلىرى بىلەن بولغان قامال-قىستاڭنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئىچىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان، ئۆز تېنىڭنىڭ مېۋىسى بولغان ئوغۇللىرىڭنىڭ گۆشىنى ۋە قىزلىرىڭنىڭ گۆشىنى يەيسەن. \x + \xo 28:53 \xt لاۋ. 26‏:29؛ 2پاد. 6‏:29؛ يىغ. 4‏:10\x* \v 54 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئاراڭلاردىكى نازۇك، ئىنتايىن سىلىق-سىپايە بىر ئادەم قېرىندىشى، قۇچىقىدىكى ئايالى، شۇنداقلا تېخى تىرىك بالىلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ \v 55 شۇڭا، دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسىدە سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنېمە قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يەۋاتقان بالىلىرىنىڭ گۆشىدىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئازراقمۇ بەرمەيدۇ. \m \v 56‏-57 ئاراڭلاردىكى ئەسلىدە نازۇك ۋە سىلىق-سىپايە بولغان، سىلىق-سىپايىلىكى ۋە نازۇكلۇقىدىن پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەشنىمۇ خالىمايدىغان ئايال قۇچىقىدىكى ئېرى، ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ چۈنكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسى بىلەن سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنەرسە قالمىغاچقا، ئۇ ئۆز پۇتى ئارىلىقىدىن چىققان بالا ھەمراھى بىلەن ئۆزى تۇغقان بالىلىرىنى يوشۇرۇنچە يەيدۇ. \b \m \s1 خۇدانىڭ ئەھدىسىدىن چىقىشنىڭ ئاقىۋىتى \m \v 58 سەن بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىسەڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك نامىدىن قورقمىساڭ، \v 59 پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدىغان ۋابالار ھەم نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابالارنى ئاجايىب قىلىدۇ؛ ئۇ دەھشەتلىك، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ۋابالارنى ۋە ئېغىر، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە ۋە نەسلىڭگە چۈشۈرىدۇ؛ \v 60 پەرۋەردىگار سەن قورقىدىغان، مىسىردىكى بارلىق كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرۈپ، ساڭا چاپلاشتۇرىدۇ. \v 61 شۇنىڭدەك بۇ قانۇنىي كىتابتا پۈتۈلمىگەن ھەممە كېسەل ۋە ھەممە ۋابانىمۇ پەرۋەردىگار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدۇ. \v 62 شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن بولساڭلارمۇ، ئەمدىلىكتە ئاز بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدىڭلار. \m \v 63 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ ئەمدى سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر. \x + \xo 28:63 \xt يەش. 1‏:24\x* \v 64 پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان ياغاچ بىلەن تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ \x + \xo 28:64 \xt قان. 4‏:27؛ نەھ. 1‏:8\x* \v 65 سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا نە ئارام تاپالمايسىلەر، نە تاپىنىڭلار تىرەپ تۇرغۇدەك ھېچ مەزمۇت جاي بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەلكى شۇ يەردە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ تىترىتىپ، كۆزۈڭلارنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ جېنىڭلارنى سولاشتۇرىدۇ. \v 66 سىلەر قاراپ تۇرۇپ جېنىڭلار قىلدا ئېسىقلىقتەك تۇرىدۇ؛ سىلەر كېچە-كۈندۈز دەككە-دۈككىدە بولۇپ جېنىمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ــ دەپ قورقىسىلەر؛ \v 67 كۆڭلۈڭنى باسقان ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى: «كاشكى كەچ بولسىدى!»، كەچتە بولسا: «كاشكى ئەتىگەن بولسىدى!» دەيسەن. \v 68 پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىپ: «سىلەر بۇ يولنى ئىككىنچى يەنە كۆرمەيسىلەر» دېگەن شۇ يول بىلەن سىلەرنى كېمىگە چۈشۈرۈپ مىسىرغا ياندۇرىدۇ. سىلەر شۇ يەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا ئۆزۈڭلارنى ساتىسىلەر، لېكىن سىلەرنى ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ. \b \b \m \c 29 \s1 مۇسا پەيغەمبەر خەلققە سۆز قىلىدۇ ــ ئەسلەش ۋە جېكىلەش \m \v 1 تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە باغلاش ئۈچۈن موئاب زېمىنىدا مۇساغا تاپىلىغان سۆزلەردۇر. بۇ ئەھدە پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە قىلغان ئەھدىدىن باشقا بىر ئەھدە ئىدى. \m \v 2 مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m «سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر زېمىنىدا پىرەۋنگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە كۆز ئالدىڭلاردا نېمە ئىش قىلغىنىنى كۆردۈڭلار، \x + \xo 29:2 \xt مىس. 19‏:4\x* \v 3 يەنى شۇ چوڭ ئاپەتلەر بىلەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. \x + \xo 29:3 \xt قان. 4‏:34؛ 7‏:19\x* \v 4 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنگىچە چۈشەنگۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى. \v 5 مەن قىرىق يىل سىلەرنى باياۋاندا يېتەكلەپ يۈردۈم؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۈستۈڭلاردىكى كىيىملىرىڭلار كونىرىمىدى، پۇتۇڭلاردىكى كەشىڭلارمۇ كونىراپ كەتمىدى. \v 6 خۇدا ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ، سىلەرگە يېيىشكە نان، ئىچىشكە شاراب ياكى كۈچلۈك ئىچىملىك نېسىپ قىلمىدى. \v 7 سىلەر بۇ جايغا يېتىپ كەلگىنىڭلاردا ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئەمما بىز ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق؛ \x + \xo 29:7 \xt چۆل. 21‏:33،24؛ قان. 2‏:32؛ 3‏:1\x* \v 8 بىز ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئېلىپ رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەردۇك.\x + \xo 29:8 \xt چۆل. 32‏:33؛ قان. 3‏:12؛ يە. 13‏:8\x* \m \v 9 ئەمدى سىلەر ھەممە ئىشلىرىڭلاردا راۋاج تېپىش ئۈچۈن بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. \m \v 10 بۈگۈن ھەممىڭلار ــ قەبىلە باشلىقلىرىڭلار، ئاقسقاللىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئەرلىرى، \v 11 كىچىك بالىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، چېدىرگاھىڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، شۇنداقلا ئوتۇن كەسكۈچىلىرىڭلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلىرىڭلارمۇ، ھەممىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىسىلەر؛ \v 12 مەقسەت شۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۈگۈن سىلەرگە بەرگەن قەسىمى بىلەن باغلىغان ئەھدىگە داخىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر، \v 13 ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ سىلەرنى بۈگۈن ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قىلغان قەسىمى بويىچە ئۆزى سىلەرگە خۇدا بولۇشتۇر. \x + \xo 29:13 \xt يار. 17‏:7\x* \v 14 لېكىن مەن بۇ ئەھدە ۋە قەسەمنى يالغۇز سىلەر بىلەنلا ئەمەس، \v 15 بەلكى بۈگۈن بىز بىلەن بۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بۈگۈن بۇ يەردە بىز بىلەن بىرگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەنمۇ تۈزۈشىمەن \f □ \fr 29:15 \ft \+bd «لېكىن مەن بۇ ئەھدە... كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەنمۇ تۈزۈشىمەن»\+bd* ــ مۇسۇ سۆزلەردە (14-15-ئايەتتە) «مەن» دېگەن سۆزلىگۈچى مۇسا پەيغەمبەر بولسا كېرەك.\f* \v 16 (چۈنكى سىلەر بىزنىڭ مىسىر زېمىنىدا قانداق تۇرغانلىقىمىز ۋە سەپىرىمىزدە ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قانداق ئۆتۈپ كەلگىنىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ \v 17 سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياغاچ، تاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلارنى كۆردۈڭلار). \v 18 ئەھدىنىڭ مەقسىتى بولسا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەر، ھەربىر ئايال، ھەربىر ئائىلە ۋە ھەربىر قەبىلىلىرىڭلاردىن بۈگۈن كۆڭلى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن يېنىپ، شۇ ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كېتىدىغان ھېچ كىشى بولمىسۇن، شۇنداقلا ئاراڭلاردا ئۆت سۈيى ۋە ئەمەن چىقىرىدىغان يىلتىز پەيدا بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈندۇر. \x + \xo 29:18 \xt روس. 8‏:23؛ ئىبر. 12‏:15\x* \v 19 دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇكى، شۇ لەنەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆز كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىنى بەخت-بەرىكەتلىك ساناپ: «مەن قانچە باشباشتاقلىق بىلەن ماڭساممۇ، تىنچ-ئامانلىقتا تۇرىۋېرىمەن»، دېگۈچى شۇنداق بىر كىشى بولىدۇ؛ نەتىجىدە، نەم يەرمۇ چاڭقاق يەرگە ئوخشاشلا ۋەيران قىلىنىدۇ. \f □ \fr 29:19 \ft \+bd «نەم يەرمۇ چاڭقاق يەرگە ئوخشاشلا ۋەيران قىلىنىدۇ»\+bd* ــ ياكى «مەست كىشى ئۇسسۇز كىشىگە قوشۇلۇپ يوقىتىلىدۇ». باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى شۈبھىسىزكى، ھەممە ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ يوقىتىلىدۇ.\f* \v 20 پەرۋەردىگار مۇنداق كىشىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بىلەن ئوتلۇق قەھرى تۈتۈندەك شۇ كىشىگە چۈشىدۇ؛ بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرىدۇ. \v 21 پەرۋەردىگار بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممە لەنەتلىرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىدىن ئۇنى ئايرىپ چىقىپ، ئاپەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ. \m \v 22 كەلگۈسى دەۋر بولسا، يەنى سىلەردىن كېيىن چىقىدىغان بالىلىرىڭلار ۋە شۇنداقلا يىراق يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلار پەرۋەردىگار شۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بالايىئاپەتلەر بىلەن كېسەللەرنى كۆرىدۇ؛ \v 23 پەرۋەردىگار غەزىپى ۋە قەھرى بىلەن ۋەيران قىلغان سودوم، گوموررا، ئادماھ ۋە زەبوئىملارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدەك زېمىننىڭ ھەممە يېرى گۈڭگۈرتلىشىپ، شورلىشىپ، كۆيۈپ كەتكىنىنى، تېرىقچىلىقمۇ، ھوسۇلمۇ بولمىغىنىنى، ئوت-چۆپمۇ ئۈنمىگىنىنى كۆرىدۇ؛ \v 24 بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل-يۇرت: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛ \x + \xo 29:24 \xt يەر. 22‏:8\x* \v 25 ئاندىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىپ: «ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغىنىدا ئۇلار بىلەن بېكىتكەن ئەھدىنى تاشلاپ، \v 26 بېرىپ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۆزىمۇ تونۇمىغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. \v 27 مانا بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بۇ زېمىنغا تۇتىشىپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى. \v 28 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار غەزەپ، ئاچچىق ۋە زور قەھر بىلەن ئۇلارنى يۇرتىدىن يۇلۇپ، باشقا بىر يۇرتقا تاشلىدى» ــ دېيىلىدۇ. \m \v 29 ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر. \b \b \m \c 30 \m \v 1 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بارلىق ئىشلار، يەنى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قويغان بۇ بەرىكەت بىلەن لەنەت بېشىڭغا چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھەيدىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ بۇلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، \v 2 ئۆزۈڭ ۋە بالىلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا يېنىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن ساڭا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارغا پۈتۈن قەلبىڭ ۋە پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلساڭ، \v 3 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ، ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئەللەردىن يىغىپ كېلىدۇ. \x + \xo 30:3 \xt نەھ. 1‏:8؛ زەب. 106‏:45-47؛ يەر. 32‏:37\x* \v 4 گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ چېتىگىچىمۇ ھەيدىلىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن يىغىپ جەم قىلىپ كېلىدۇ. \x + \xo 30:4 \xt نەھ. 1‏:9\x* \v 5 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرىدۇ ۋە سەن ئۇنى ئىگىلەيسەن؛ ئۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ سانىدىن زىيادە كۆپ قىلىدۇ؛ \v 6 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر. \x + \xo 30:6 \xt يەر. 32‏:39؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26\x* \v 7 شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ ھەممە لەنەتلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ. \v 8 سىلەر بولساڭلار يېنىپ كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. \v 9 شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىدا، بەدىنىڭلارنىڭ مېۋىسىنى، چارپاي ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنىمۇ ئاۋۇتۇپ سىلەرنى زور ياشنىتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنگەندەك، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ. \x + \xo 30:9 \xt قان. 28‏:11\x* \v 10 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلەر بىلەن بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلساڭلارلا، شۇنداق بولىدۇ. \m \v 11 چۈنكى مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلىغان بۇ ئەمر سەن ئۈچۈن كارامەت ئىش ئەمەس ياكى سەندىن يىراقمۇ ئەمەس. \f □ \fr 30:11 \ft \+bd «بۇ ئەمر سەن ئۈچۈن كارامەت ئىش ئەمەس»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «كارامەت» دېگەن سۆز ئادەتتە پەقەت خۇدالا قىلىدىغان ئىشنى ياكى خۇدانىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 12 بۇ ئەمر ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئەمەس، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم ئاسمانغا چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.\x + \xo 30:12 \xt رىم. 10‏:6-8\x* \v 13 ۋە شۇنىڭدەك بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئەمەستۇر، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. \v 14 چۈنكى بۇ سۆز بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىڭ ئۈچۈن ساڭا بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭدا ۋە كۆڭلۈڭدە باردۇر.\f □ \fr 30:14 \ft \+bd «... بۇ سۆز ... ساڭا بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭدا ۋە كۆڭلۈڭدە باردۇر»\+bd* ــ «رىم.» 6:10-10نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 15 مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلاردا ھايات بىلەن ياخشىلىق، ئۆلۈم بىلەن يامانلىقنى قويدۇم؛ \v 16 چۈنكى ئۆزۈم ساڭا ھۆكۈم بېرىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىڭلار، دەپ بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىدىم؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ياشاپ ئاۋۇپ، ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ. \v 17 لېكىن ئەگەر كۆڭلۈڭنى تەتۈر قىلىپ، قۇلاق سالماي ئازدۇرۇلۇپ، باشقا ئىلاھلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇنغىلى تۇرساڭ، \v 18 مەن شۇنى بۈگۈن سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ھالاك بولماي قالمايسىلەر؛ سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيسىلەر. \m \v 19 مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛ \x + \xo 30:19 \xt قان. 4‏:26\x* \v 20 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن».\f □ \fr 30:20 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى «بۇ ئىش» (يەنى، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇش).\f* \b \b \m \c 31 \s1 يەشۇئا مۇساغا ئورۇن باسار قىلىپ بېكىتىلىدۇ \m \v 1 ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛ \v 2 ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى.\f □ \fr 31:2 \ft \+bd «سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا چىقىپ-كىرىپ يۈرەلمەيمەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 31:2 \xt چۆل. 27‏:12؛ قان. 3‏:26\x* \m \v 3 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ \add دەريادىن\add* ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ \add دەريادىن\add* ئۆتىدۇ. \x + \xo 31:3 \xt چۆل. 27‏:18\x* \v 4 پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. \x + \xo 31:4 \xt چۆل. 21‏:33،24\x* \v 5 ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر. \x + \xo 31:5 \xt قان. 7‏:1، 2\x* \v 6 جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!».\x + \xo 31:6 \xt يە. 1‏:5؛ ئىبر. 13‏:5\x* \m \v 7 ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن. \v 8 مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى.\x + \xo 31:8 \xt يە. 1‏:9\x* \b \m \s1 مۇسانىڭ ئەھدىنامە يېزىپ تاپشۇرۇشى \m \v 9 مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. \v 10 مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ \m «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا، \v 11 ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن. \x + \xo 31:11 \xt ئەزرا 10‏:8؛ نەھ. 8‏:8،3،2،1\x* \v 12 شۇنىڭ ئۈچۈن \add شۇ چاغدا\add* بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن. \f □ \fr 31:12 \ft \+bd «... قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر»\+bd* ــ دېمەك، «سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر». «سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان» ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «قوۋۇقلىرىڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 13 شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ». \b \m \s1 مۇسا يەشۇئاغا ئۆز ۋەزىپىسى توغرۇلۇق بۇيرۇيدۇ \m \v 14 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. \m شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى. \v 15 پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. \m \v 16 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ. \f □ \fr 31:16 \ft \+bd «بۇزۇقچىلىق قىلىش»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە خۇداغا ۋاپاسىزلىق ياكى ئاسىيلىق قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. قانائاندىكى ئەللەر ئارىسىدا «بۇزۇقچىلىق» روھىي جەھەتتە بولۇپلا قالماي، جىسمانىي جەھەتتىمۇ بۇتپەرەسلىككە مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بۇزۇقچىلىق مەۋجۇت ئىدى.\f* \v 17 شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا: «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ. \f □ \fr 31:17 \ft \+bd «شۇ ۋاقىتتا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شۇ كۈنى».\f* \v 18 لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن. \m \v 19 ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن. \v 20 چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ. \v 21 ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن». \m \v 22 شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى. \v 23 ئاندىن \add پەرۋەردىگار\add* نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا: «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى.\x + \xo 31:23 \xt يە. 1‏:6\x* \m \v 24 مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن \v 25 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: \v 26 ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. \x + \xo 31:26 \xt 2پاد. 22‏:8\x* \v 27 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر! \m \v 28 مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار. \v 29 چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر».\f □ \fr 31:29 \ft \+bd «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا»\+bd* ــ ئاخىرقى زاماننى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 30 ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: ــ \f □ \fr 31:30 \ft \+bd «پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...پۈتكۈل جامائىتىنىڭ قۇلاقلىرى ئىچىگە....».\f* \b \b \m \c 32 \s1 ئەھدە شەرتلىرىگە گۇۋاھچىلارنى چاقىرىش ــ مۇسانىڭ غەزىلى \m \v 1 «قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ \m ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! \m \v 2 تەلىمىم بولسا يامغۇردەك ياغىدۇ، \m سۆزلىرىم شەبنەمدەك تامىدۇ، \m يۇمران ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن سىم-سىم يامغۇردەك، \m كۆكزارلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن خاسىيەتلىك يامغۇردەك بولىدۇ. \m \v 3 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بايان قىلىمەن؛ ئەمدى خۇدايىمىزنى ئۇلۇغ دەپ جاكارلاڭلار! \m \v 4 ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ \m ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. \m ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، \m ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر. \m \v 5 ئەمما \add ئۆز خەلقى\add* ئۇنىڭغا بۇزۇقلۇق قىلدى؛ \m ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭكىدەك بولمىدى ــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبىدۇر! \m ئۇلار ئەگرى ۋە ئىپلاس بىر نەسىلدۇر! \m \v 6 ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، \m پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ \m ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ \m ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ \m \v 7 ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن، \m دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن؛ \m ئاتاڭدىن سورا، ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ؛ \m ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قوي، ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. \m \v 8 ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئەللەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرگەندە، \m ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر-بىرىدىن بۆلگىنىدە، \m ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن.\f □ \fr 32:8 \ft \+bd «ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرالىرىنى خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەنىدى» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 9 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا خاس بولغان خەلقىدۇر؛ \m ياقۇپ خۇددى چەك تاشلىنىپ چىققاندەك، ئۇنىڭ مىراسىدۇر.\f □ \fr 32:9 \ft \+bd «ياقۇپ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 10 ئۇ ئۇنى چۆل بىر زېمىندا، \m شامال ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك بىر باياۋاندا ئۇنى تاپتى؛ \m ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى، \m ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلىدى؛\f □ \fr 32:10 \ft \+bd «ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئۇنى قوغداپ يۈرۈپ ئۇنى تەربىيىلىدى».\f* \m \v 11 خۇددى بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ، \m بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، \m قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇلارنى پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك، \m \v 12 پەرۋەردىگارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يالغۇز يېتەكچىلىك قىلدى؛ \m ھېچقانداق يات ئىلاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى. \m \v 13 ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىز جايلىرىغا مىندۈردى، \m ۋە ئۇ ئېتىزلىقنىڭ مەھسۇلاتىدىن يېدى، \m ئۇ ئۇنىڭغا قىيا تاشتىن ھەسەل شورىتىپ، \m چاقماق تېشىدىن زەيتۇن مېيى شوراتتى؛ \x + \xo 32:13 \xt قان. 33‏:26؛ يەش. 58‏:14\x* \m \v 14 ساڭا كالا قايمىقى بىلەن قوي سۈتىنى ئىچكۈزۈپ، \m قوزىلارنىڭ يېغىنى، \m باشاندىكى قوچقارلار ۋە تېكىلەرنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈپ، \m ئېسىل بۇغداينىڭ ئېسىل دانلىرىدىن يېگۈزدى، \m سەن بولساڭ ئۈزۈم قېنى بولغان ساپ شارابنى ئىچتىڭ. \m \v 15 لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ تەپكەك بولۇپ قالدى؛ \m بەرھەق، سەن سەمرىپ كەتتىڭ، \m بوردىلىپ كەتتىڭ، \m تويۇنۇپ كەتتىڭ! \m ئۇ ئۆزىنى ياراتقان تەڭرىنى تاشلاپ، \m ئۆز نىجاتىنىڭ قورام تېشىنى كۆزگە ئىلمىدى.\f □ \fr 32:15 \ft \+bd «يەشۇرۇن»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ يەنە بىر ئىسمى ــ مەنىسى «تىك تۇرىدىغان»، «دۇرۇس» دېگەنلىك.\f* \m \v 16 ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، \m يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. \m \v 17 ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، \m ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، \m ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، \m يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى. \m \v 18 سەن ئۆزۈڭنى تۆرەلدۈرگەن قورام تاشنى كۆڭلۈڭدىن چىقاردىڭ، \m سېنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇدۇڭ. \m \v 19 پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، \m ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنىدىن، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 20 «مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن، \m ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ باقاي؛ \m چۈنكى ئۇلار ئىپلاس بىر نەسىلدۇر، \m قەلبىدە ۋاپادارلىقى يوق بالىلاردۇر. \m \v 21 ئىگە-تەڭرىسى ئەمەسلەر بىلەن ھەسىتىمنى كەلتۈردى، \m ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن قەھرىمنى قوزغىدى؛ \m شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن، \m نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن.\f □ \fr 32:21 \ft \+bd «شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق... نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن»\+bd* ــ ئۇ ئۇلۇغ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق «ھوش.» 9:1، 23:2، «رىم.» 19:10نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 32:21 \xt رىم. 10‏:19\x* \m \v 22 چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ \m ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، \m ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، \m ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ.\x + \xo 32:22 \xt يەر. 15‏:14\x* \m \v 23 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن؛ \m يا-ئوقلىرىمنى بىرنى قويماي ئۇلارغا ئاتىمەن. \m \v 24 ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، \m تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ \m ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، \m توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن. \m \v 25 تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى مۇسىبەتكە سالىدۇ، \m ئىچكىرىدە ۋەھىمە باسىدۇ؛ \m ئۇ يىگىت بىلەن قىزنى، \m ئەمچەكتىكى بالا بىلەن ئاق چاچلىقنى ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. \m \v 26 مەن: «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن، \m ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆچۈرىمەن» ــ دەيتتىم،\f □ \fr 32:26 \ft \+bd «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنى تارقىتىمەن»، «ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن».\f* \m \v 27 بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ \m ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ: ــ \m بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، \m پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، \add بۇ ئىشنى قىلمىدىم\add*. \m \v 28 ئىسرائىل نەسىھەتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئەل، \m ئۇلارنىڭ ھېچ ئەقىل-پەمى يوقتۇر. \m \v 29 ئاھ، ئۇلار دانا بولسىدى! \m شۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىپ، \m ئۆز ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى! \m \v 30 ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا، \m پەرۋەردىگار ئۇلارنى \add دۈشمەنلىرىگە\add* تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، \m بىر كىشى قانداقمۇ مىڭ كىشىنى ئۆز ئالدىدىن ھەيدىيەلەيتتى؟، \m ئىككى كىشى قانداقمۇ ئون مىڭ كىشىنى قاچۇرالايتتى؟ \m \v 31 چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى بولسا بىزنىڭ قورام تېشىمىزدەك ئەمەستۇر. \m بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن! \m \v 32 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، \m گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ \m ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، \m ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر، \m \v 33 شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، \m كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر. \m \v 34 \add پەرۋەردىگار\add*: «بۇلارنىڭ \add ھەممىسى\add* مېنىڭكىدە ساقلاقلىق ئەمەسمۇ؟ \m ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلەنگەن ئەمەسمۇ؟ \m \v 35 ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، \m يامانلىقنى قايتۇرۇشمۇ شۇنداق، \m بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ، \m چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلاشماقتا، \m ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار بولسا تېز كېلىۋاتىدۇ.\f □ \fr 32:35 \ft \+bd «... بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇلار» ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى (يات ئەللەر)نى كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن خۇدا ئىنتىقاملىرى بىلەن ئاخىرىدا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ ئاجىز پەيتىدە ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ («يەر.» 30-بابنى، ئۇشبۇ بابتىكى 36-، 42-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 32:35 \xt رىم. 12‏:19؛ ئىبر. 10‏:30؛ 1پېت. 2‏:23\x* \m \v 36 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ \add ئازىيىپ\add*، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە، \m ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، \m ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.\f □ \fr 32:36 \ft \+bd «... ئۇلارنىڭ ئازيىپ، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ياكى كىچىك ياكى چوڭ بولسا، ئۇلارنىڭ ئازىيىپ ھېچكىمنىڭ قالمىغىنىنى كۆرگەندە،...». \+bd «ئۆز خەلقى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»\+bd* ــ ئۆز ئىچىگە ئىككى تەرەپنى ئېلىشى كېرەك: (1) خۇدانىڭ خەلقى ئۇنىڭ تەربىيە جازالىرىنى كۆرگەندىن كېيىن گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولىدۇ؛ (2) خۇدا ئۆز خەلقىگە رەزىللىك قىلغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. \+bd «ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز بەندىلىرى توغرۇلۇق نىيىتىدىن يېنىدۇ».\f*  \x + \xo 32:36 \xt قان. 32‏:36\x* \m \v 37 ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟ \m ئۆزىگە تايانچ قىلغان قورام تېشى ئەمدى قەيەردىدۇر؟ \m \v 38 ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەن، \m ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرىدىكى شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟ \m ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن!\f □ \fr 32:38 \ft \+bd «ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن!»\+bd* ــ خۇدا مۇشۇ يەردە ئىسرائىل ئەسلىدە تايانغان بۇتلارنى مەسخىرە قىلىدۇ.\f* \m \v 39 ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، \m ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. \m مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، \m زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ \m ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.\f □ \fr 32:39 \ft \+bd «ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار»\+bd* ــ ياكى «مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ بېلىڭلار».\f*  \x + \xo 32:39 \xt قان. 4‏:35؛ 1سام. 2‏:6؛ يەش. 45‏:22،18،5\x* \m \v 40 چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ: ــ \m «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ، \m \v 41 چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى ئىتتىك قىلىمەن، \m مېنىڭ قولۇم ئادالەتنى قورال قىلىپ تۇتىدۇ، \m دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن، \m مەندىن نەپرەتلەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا ياندۇرىمەن! \m \v 42 مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، \m مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، \m مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، \m دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ-ئىچىدىغان قىلىمەن».\x + \xo 32:42 \xt زەب. 7‏:12-13؛ 68‏:21-23؛ يەش. 34‏:6؛ ئ‍ەز. 21‏:9-11\x* \m \v 43 ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، \m چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، \m ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، \m ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ».\x + \xo 32:43 \xt رىم. 15‏:10\x* \b \m \s1 مۇسا غەزىلى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ \m \v 44 ئەمدى مۇسا بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ بۇ غەزەلنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى. \f □ \fr 32:44 \ft \+bd «نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا» (ھوشىيا يەشۇئانىڭ باشقا بىرخىل ئاتىلىشى).\f* \v 45 ئاندىن مۇسا بۇ ھەممە سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىل ئالدىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ \v 46 ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك. \v 47 چۈنكى بۇ سۆز سىلەرگە مۇناسىۋەتسىز، قۇرۇق سۆز ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر! سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زېمىندا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر» ــ دېدى. \b \m \s1 مۇسانىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق بۇيرۇقلار \m \v 48 يەنە شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ \m \v 49 سەن ئۇشبۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىدىكى، موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن ۋە شۇ يەردە مەن ئىسرائىللارغا ئۆز تەۋەلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىدىغان قانائان زېمىنىنى كۆرگىن. \x + \xo 32:49 \xt چۆل. 27‏:12\x* \v 50 ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛ \x + \xo 32:50 \xt چۆل. 27‏:13؛ 33‏:38\x* \v 51 چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ-قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار. \x + \xo 32:51 \xt چۆل. 20‏:12\x* \v 52 شۇڭا سەن ئىسرائىللارغا بېرىدىغان شۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىرەلمەيسەن. \b \b \m \c 33 \s1 مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىلغا دۇئا قىلىپ بەخت تىلەيدۇ \m \v 1 خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ \m \v 2 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ، \m سېئىردىن چىقىپ \add ئىسرائىل\add* ئۈستىگە پارلىدى؛ \m پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى، \m ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛ \m ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى.\f □ \fr 33:2 \ft \+bd «سېئىردىن ئىسرائىللار چىقىپ ئۈستىگە پارلىدى»\+bd* ــ «ئىسرائىللار» ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلار». \+bd «مۇقەددەسلەر»\+bd* ــ پەرىشتىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «...ئىسرائىلغا ئاتالغان»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۇلارغا ئاتالغان». \+bd «.... ئۇلارغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «...ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) ئاتالغان ئوت يالقۇنلىرى چىقتى» ياكى «... ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) يېتەكلىگۈچى ئوت يالقۇلىرى چىقتى».\f*  \x + \xo 33:2 \xt ھاب. 2‏:3، 4 \x* \m \v 3 دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛ \m سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛ \m ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، \m سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ. \m \v 4 مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، \m بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛ \m \v 5 خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ، \m ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا، \m ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى.\f □ \fr 33:5 \ft \+bd «ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «ئۇ» مۇسانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بەزى ئالىملار خۇدانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \b \m \s1 مۇسانىڭ قەبىلىلەر ئۈچۈن تىلىگەن خەير-دۇئالىرى ۋە بەرگەن بېشارەتلىرى \m \v 6 «رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ \m ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن». \m \v 7 \add مۇسا\add*نىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ \m «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ \m ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ \m ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ \m ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن».\f □ \fr 33:7 \ft \+bd «ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز «ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزگەيسەن» دېيىلىدۇ. يەھۇدانىڭ كېيىنكى تارىخىغا قارىغاندا، بۇ بېشارەت مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدانىڭ نەسلى بولغان داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقى، ئەڭ مۇھىمى داۋۇتنىڭ نەسلى مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك دۇئاسى بولۇشى كېرەك. \+bd «ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن»\+bd* ــ بۇنىڭدا «ئۇلار» «ئۆز خەلقى»نى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن»\+bd* ــ بۇبىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ قوللىرى ئۆز ھاجىتىدىن چىقسۇن».\f* \m \v 8 ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ \m «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ \m سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، \m مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ.\f □ \fr 33:8 \ft \+bd «ئۇرىم ۋە تۇممىم»\+bd* ــ توغرۇلۇق «مىس.» 30:28نى كۆرۈڭ. خۇدا لاۋىيلارنى تاللىشىنىڭ بىر سەۋەبى 25:32-29دە كۆرۈلىدۇ؛ خۇدا ئۇنى ئۆز خىزمىتىدە بولۇشقا تاللىغاچقا، مۇشۇ يەردە خۇدا ئۇنى «مېنىڭ مۇقەددەس بەندەم» دەپ ئاتايدۇ. \+bd «ماسساھ»\+bd* دېگەن جاينىڭ مەنىسى «سىناش» («مىس.» 7:17نى كۆرۈڭ). \+bd «مەرىباھ»\+bd* ــ «مەرىباھ» دېگەن جاينىڭ مەنىسى «تالاش-تارتىش، كۈرەش» («چۆل.» 13:20 ۋە 24نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 9 ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، \m ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، \m ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، \m بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى.\f □ \fr 33:9 \ft \+bd «ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ...بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى»\+bd* ــ كۆزدە تۇتۇلغان ۋەقەلەر «مىس.» 21:32-29دە خاتىرىلىنىدۇ.\f* \m \v 10 مانا، \add لاۋىيلار\add* ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ، \m ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛ \m ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ، \m قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. \m \v 11 ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، \m ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، \m ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، \m ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!» \m \v 12 ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ \m «پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا، \m ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ، \m پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ، \m ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ» \m \v 13 يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي! \m ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، \m شەبنەم بىلەن، \m يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن،\f □ \fr 33:13 \ft \+bd «يەر تېگى»\+bd* ــ بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇلارنى ياكى دېڭىز تەگلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 33:13 \xt يار. 49‏:25\x* \m \v 14 كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن، \m ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، \m \v 15 قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن، \m مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، \m \v 16 يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن، \m ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن! \m بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، \m يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن.\f □ \fr 33:16 \ft \+bd «ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زات»\+bd* ــ مۇشۇ زات پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدۇر («مىس.» 2:3-6نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 33:16 \xt يار. 49‏:26\x* \m \v 17 ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ \m ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، \m ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. \m مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، \m ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ».\f □ \fr 33:17 \ft \+bd «ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ بۇقىسىنىڭ تۇنجىسى ئۇنىڭغا شەرەپ كەلتۈرسۇن». \+bd «ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر»\+bd* ــ ياۋا كالا بولسا نەسلى قۇرۇغان ئىنتايىن يوغان بىرخىل كالا ئىدى. \+bd «...ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) بۇ ئىككى قەبىلە يۈسۈپنىڭ مۈڭگۈزلىرىدۇر؛ (2) يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەخت-بەرىكەتلەر يۈسۈپكە خاس بولۇپ، بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. بىز ئىككىنچى مەنىگە مايىلمىز.\f* \m \v 18 زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛ \m ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن! \m \v 19 مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، \m شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، \m چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، \m قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ». \m \v 20 گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛ \m گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛ \m ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛\f □ \fr 33:20 \ft \+bd «گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى»\+bd* ــ ياكى «گاد.... يېتىۋالدى». \+bd «ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ»\+bd* ــ بەلكىم گادنىڭ دۈشمىنىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 21 شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ \m چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ \m ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، \m ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى».\f □ \fr 33:21 \ft \+bd «ھۆكۈم بېكىتكۈچى»\+bd* ــ (1) قانۇن بەرگۈچى (مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى)نى؛ (2) قانائان زېمىنىنى بۆلۈپ تەقسىم قىلغۇچى (يەشۇئا پەيغەمبەر)نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 22 دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ \m ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ».\f □ \fr 33:22 \ft \+bd «ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم «ھاك.» 27:18-28دە خاتىرىلەنگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 23 نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، \m پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، \m مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن». \m \v 24 ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m «ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛ \m ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛ \m پۇتى مايغا چىلانسۇن.\f □ \fr 33:24 \ft \+bd «ئاشىر.... پۇتى مايغا چىلانسۇن»\+bd* ــ كېيىن، ئاشىر تۇرغان جايدا كۆپ زەيتۇن مېيى ئىشلەپ چىقارغان.\f* \m \v 25 دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ \m كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ».\f □ \fr 33:25 \ft \+bd «دەرۋازا بالداقلىرىڭ»\+bd* ــ ياكى «ئايىغىڭنىڭ بوغقۇچىلىرى».\f* \m \v 26 «ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛ \m ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە، \m زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ.\f □ \fr 33:26 \ft \+bd «ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر»\+bd* ــ ياكى «ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر».\f*  \x + \xo 33:26 \xt قان. 32‏:13؛ يەش. 58‏:14\x* \m \v 27 ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، \m ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. \m ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ \m «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ \add ساڭا\add* بۇيرۇيدۇ. \m \v 28 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، \m يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ، \m ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛ \m ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ.\f □ \fr 33:28 \ft \+bd «... ئىسرائىل ... مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «يالغۇز» خۇدادىن باشقا ھېچقانداق پاناھ ياكى مۇھاپىزەت كېرەك بولمايدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. \fp «ياقۇپنىڭ بۇلىقى»: ــ (1) ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ (2) خۇدا ئۇلارغا بۇلاقتەك روھىي ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ، ئۆزگەرمەي مەزمۇت تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى مەنىسىگە مايىلمىز.\f*  \x + \xo 33:28 \xt يەر. 23‏:6؛ 33‏:16؛ زەب. 68‏:26\x* \m \v 29 بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! \m سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ \m ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، \m ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! \m سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ \m سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن». \b \b \m \c 34 \s1 مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆلۈمى \m \v 1 ئاندىن مۇسا موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدىن چىقىپ نېبو تېغىنىڭ ئۈستىگە، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پۈتكۈل زېمىننى كۆرسەتتى؛ گىلېئادتىن دانغىچە، \x + \xo 34:1 \xt قان. 3‏:27\x* \v 2 پۈتكۈل نافتالى بىلەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ زېمىنىنى، يەھۇدانىڭ پۈتكۈل زېمىنى بىلەن قوشۇپ مەغرىبتىكى دېڭىزغىچە، \v 3 جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، «خورما شەھىرى» دەپ ئاتالغان يېرىخو ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىكنى زوئار شەھىرىگە قەدەر، ھەممىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. \m \v 4 ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «مەن قەسەم قىلىپ: «بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن» دەپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىن مانا مۇشۇدۇر. ئەمدى ساڭا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىم، لېكىن سەن شۇ يەرگە ئۆتۈپ كىرەلمەيسەن» دېدى.\x + \xo 34:4 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 15‏:18؛ 26‏:4؛ 28‏:13\x* \m \v 5 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ يەردە، يەنى موئابنىڭ زېمىنىدا ۋاپات بولدى. \v 6 ئۇ ئۇنى موئابنىڭ زېمىنىدىكى تاغ جىلغىسىدا، بەيت-پېئورنىڭ ئۇتتۇرىسىدا دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ. \m \v 7 مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقىتتا بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىرگەنىدى، لېكىن كۆزلىرى ھېچ تورلاشمىغان ۋە ماغدۇرىدىن ھېچ كەتمىگەنىدى. \m \v 8 ئىسرائىللار مۇسا ئۈچۈن موئابدىكى تۈزلەڭلىكتە ئوتتۇز كۈنگىچە ماتەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلايدىغان كۈنلەر تۈگىگەنىدى. \m \v 9 مۇسا قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويغاچقا، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دانالىق بەرگۈچى روھ بىلەن تولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.\x + \xo 34:9 \xt چۆل. 27‏:18\x* \m \v 10 مۇسادىن كېيىن ئۇنىڭدەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەن ئىككىنچى بىر پەيغەمبەر ئىسرائىل ئىچىدە چىقمىدى؛ \v 11 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردە پىرەۋنگە، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە پۈتكۈل زېمىنىدىكىلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن ھەممە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرگە، \v 12 ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ۋە مۇسانىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن بارلىق دەھشەتلىك ھەيۋىسىگە تەڭ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئادەم چىقمىدى.\f □ \fr 34:12 \ft \+bd «... ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتلىك قولغا...».\f*