\id DAN \h دانىيال \toc1 دانىيال \toc2 دانىيال \toc3 دان. \mt1 دانىيال \c 1 \s1 دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى •••• دانىيال نېبوقادنەسارنىڭ ئوردىسىدا \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىم تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. \x + \xo 1:1 \xt 2پاد. 24‏:2، 3؛ 2تار. 36‏:6\x* \v 2 رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئۆيى»\+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 3 پادىشاھ نېبوقادنەسار باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىنازغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىللار ئىچىدىن خان جەمەتىدىكىلەردىن ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىدىن تاللاپ ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. \f □ \fr 1:3 \ft \+bd «باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىناز»\+bd* ــ «ئاغۋات» پادىشاھ سارايىدىكى كېنىزەكلەرگە قارايدىغان، پىچىلغان ئەر كىشى. ئۇلارنىڭ باشقا ۋەزىپىلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، مۇشۇ يەردە «باش ئاغۋات غوجىدارى» پادىشاھلارنىڭ بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ بېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ توغرا بولسا «باش ئەمەلدار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:3 \xt يەش. 39‏:7\x* \v 4 بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى\+bd* ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر ناھىيە ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 5 پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە ھەر كۈنى پادىشاھ يەيدىغان نازۇ-نېمەتلەر ۋە شارابلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، مۇددەت توشقاندا پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولسۇن دەپ بېكىتتى. \v 6 تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى. \v 7 ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى»\+bd* ــ بۇ قويغان ئىسمىلار، ئاساسەن بۇتپەرەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلى ۋە يېڭى ئىسمىلىرىنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ \fp دانىيال ــ «خۇدا مېنىڭ سوت قىلغۇچۇمدۇر» \fp بەلتەشاسار ــ «بەل (بىر مەبۇد) ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغدىسۇن» \fp ھانانىيا ــ «پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىكتۇر» \fp شادراك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)نىڭ بۇيرۇقى» \fp مىشائېل ــ «خۇداغا كىم ئوخشىيالىسۇن؟» \fp مىشاك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)غا كىم ئوخشىيالىسۇن؟» \fp ئازارىيا ــ «پەرۋەردىگار ياردەمچىمدۇر» \fp ئەبەدنېگو ــ «نېگو (نۇر چاچىدىغان مەبۇد)نىڭ قۇلى»\f* \m \v 8 دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى \add خۇدا ئالدىدا\add* ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى»\+bd* ــ دانىيال يەھۇدىي بولغاچقا، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بەزى گۆشلەر، مەسىلەن چوشقا، تۆگە، توشقان گۆشىنى يېيىشكە بولمايتتى. قان چىقارماي بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، يېيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل ئوردىسىدىكىلەر يېگەن گۆشلەر ۋە ئىچكەن شارابلار مەبۇدلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاشۇ مەبۇدلارنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن يەپ-ئىچىلەتتى.\f*  \x + \xo 1:8 \xt لاۋ. 15‏:1-35؛ 17‏:12؛ قان. 14‏:3-21؛ 1كور. 8‏:4؛ 8-10\x* \v 9 ئەمدى خۇدا ئاغۋات بېشىنى دانىيالغا ئىلتىپات ۋە شاپائەت كۆرسىتىدىغان قىلغانىدى. \v 10 لېكىن ئاغۋات بېشى دانىيالغا: \m ــ مەن ئۆز غوجام پادىشاھتىن قورقىمەن. سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن؛ ئۇ ئەگەر سىلەرنى باشقا قۇرداش يىگىتلەردەك ساغلام چىراي ئەمەس ئىكەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا سىلەر پادىشاھقا مېنىڭ كاللامنى ئالدۇرغۇچى بولىسىلەر، ــ دېدى. \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن دانىيال كېلىپ ئاغۋات بېشى ئۆزىگە ۋە ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا تەيىنلىگەن غوجىداردىن تەلەپ قىلىپ: \v 12 ــ كەمىنىلىرىنى ئۇماچ، كۆكتات ۋە سۇ بىلەنلا بېقىپ ئون كۈنلۈك سىناق قىلسىلا. \m \v 13 ئاندىن بىزنىڭ چىرايىمىز بىلەن پادىشاھنىڭ ئېسىل تامىقىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، ئاندىن كۆزىتىشلىرى بويىچە كەمىنىلىرىگە ئىش كۆرگەيلا! ــ دېدى. \v 14 غوجىدار ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ كۆرۈشكە ماقۇل بولدى. \v 15 ئون كۈندىن كېيىن قارىسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىنمۇ نۇرلۇق ۋە تولغان كۆرۈندى. \v 16 شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى. \m \v 17 بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى. \v 18 پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا، ئاغۋات بېشى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا...»\+bd* ــ يەنى ئۈچ يىل (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 19 پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى. \v 20 پادىشاھقا دانالىق-ھېكمەت كېرەك بولغاندا ياكى يورۇتۇش كېرەك بولغان ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەلتەنىتىدىكى بارلىق رەمچى-پالچى ياكى پىر-ئۇستازلىرىنىڭكىدىن ئون ھەسسە توغرا چىقاتتى. \v 21 دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى»\+bd* ــ پارس پادىشاھى قورەش 66 يىلدىن كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسىنى ئىستېلا قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى).\f* \b \b \m \c 2 \s1 نېبوقادنەسار كۆرگەن چۈش \m \v 1 نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. \v 2 شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. \f □ \fr 2:2 \ft \+bd «كالدىي مۇنەججىملەر»\+bd* ــ كالدىيە بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر رايون ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسى قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى.\f* \v 3 پادىشاھ ئۇلارغا: \m ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە كۆڭلۈم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «كۆڭلۈم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھىم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ».\f* \m \v 4 ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! ... »\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن تارتىپ 1:8كىچە ئايەتلەر ئارامىي تىلىدا يېزىلغان.\f* \m \v 5 پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ! \x + \xo 2:5 \xt دان. 3‏:29\x* \v 6 لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى. \m \v 7 ئۇلار پادىشاھقا يەنە بىر قېتىم: \m ــ ئالىيلىرى چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، ئاندىن ئۆزلىرىگە تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ــ دېدى. \m \v 8 بۇ چاغدا پادىشاھ جاۋابەن: \m ــ شۈبھىسىزىكى، سىلەر پەرمانىمدىن قايتمايدىغىنىمنى بىلگەچكە، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈۋاتىسىلەر. \v 9 لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەرگە پەقەت بۇيرۇقۇملا قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ۋاقىت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ بىلىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولىسىلەر. شۇڭا چۈشۈمنى ئېيتساڭلار، ئاندىن چۈشۈمگە ھەقىقەتەن تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى شۇ چاغدىلا بىلىمەن، ــ دېدى. \m \v 10 كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: \m ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس. \v 11 چۈنكى ئالىيلىرىنىڭ سورىغانلىرى ھەقىقەتەن ئالامەت مۈشكۈل، ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ئايان قىلالمايدۇ. لېكىن ئىلاھلارنىڭ ماكانى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەس، ــ دېدى. \m \v 12 پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغان ھالدا، بابىل ئوردىسىدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. \v 13 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا \add خىزمەتكارلىرى\add* دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى. \b \m \s1 خۇدانىڭ دانىيالغا چۈشنى ۋە مەنىسىنى ئايان قىلىشى \m \v 14 شۇ چاغدا دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمرىنى ئىجرا قىلغىلى چىققان پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئارىئوققا ئاقىلانە ۋە دانىشمەنلەرچە جاۋاب قايتۇرۇپ \v 15 ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي؟ ــ دەپ سورىدى. ئارىئوق ئەھۋالنى دانىيالغا ئېيتىپ بەردى. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «... پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي»\+bd* ــ ياكى «... پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق؟».\f* \v 16 دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى»\+bd* ــ ياكى «پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋاقىت بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى».\f* \m \v 17 ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ، ئەھۋالنى دوستلىرى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا ئېيتىپ بەردى. \v 18 ئۇ ئۇلاردىن ئەرشتىكى خۇدادىن بۇ چۈشنىڭ شىرى توغرۇلۇق رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا قىلىپ، مەن دانىيال ۋە دوستلىرىم تۆتىمىزنىڭ بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك قىلىنماسلىقىمىزنى تىلەڭلار، دەپ تەلەپ قىلدى. \v 19 ئاندىن كېچىدە دانىيالغا غايىبانە كۆرۈنۈشتە شۇ سىرنىڭ يېشىمى ۋەھىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ مۇنداق دېدى: \m \v 20 «خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي! \m چۈنكى دانالىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر. \m \v 21 ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ \m ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، \m ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ \m ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. \m \v 22 ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، \m قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، \m نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر.\x + \xo 2:22 \xt ئايۇپ 32‏:8\x* \m \v 23 ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى، \m ساڭا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالار ئېيتاي! \m سەن ھازىرلا بىز دۇئا قىلغان ئىشنى ماڭا ئاشكارىلىدىڭ، \m پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردىڭ». \b \m \s1 دانىيالنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى \m \v 24 ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: \m ــ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەيلا. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرگەيلا، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەي، ــ دېدى. \m \v 25 ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ \m «مەن يەھۇدىي ئەسىرلەر ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىر كىشىنى تاپتىم» ــ دېدى. \m \v 26 پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: \m «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ ــ دېدى. \m \v 27 دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ. \v 28 بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ \f □ \fr 2:28 \ft \+bd «ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر...»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «سىلى كارىۋاتتا ياتقاندا كاللىلىرىدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر..» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 29 ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى. \v 30 ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر. \m \v 31 ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. \v 32 ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن، \v 33 يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان. \v 34 ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى. \v 35 ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرىۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى. \m \v 36 كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز.\f □ \fr 2:36 \ft \+bd «ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز»\+bd* ــ «بىز» دېگەن بۇ سۆز شۈبھىسىزكى، دانىيالنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۈچ دوستىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغىنىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 2:36 \xt دان. 7\x*  \fig بابىل ئىمپېرىيەسى|src="babylonianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 37:2" \fig* \m \v 37 ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى. \v 38 ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا.\fig پارس ئىمپېرىيەسى|src="persianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 38:2" \fig* \m \v 39 ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ.\fig گرېتسىيە (يۇنان) ئىمپېرىيەسى|src="greekempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 39:2" \fig* \m \v 40 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. \fig رىم ئىمپېرىيەسى|src="romanempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 40:2" \fig* \m \v 41 ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان. \v 42 تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. \v 43 ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ \add پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ\add* پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ. \f □ \fr 2:43 \ft \+bd «پادىشاھلىقنىڭ پۇقرالىرى بىلەن...»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «ئىنسانلارنىڭ نەسلى بىلەن....».\f* \v 44 ئۇ \add ئاخىرقى\add* پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. \f □ \fr 2:44 \ft \+bd «ئۇ ئاخىرقى پادىشاھلار»\+bd* ــ پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ پادىشاھلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. بۇ باب ۋە 7-باب توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:44 \xt دان. 3‏:33؛ 4‏:31؛ 6‏:27؛ 7‏:14، 27؛ مىك. 4‏:7؛ لۇقا 1‏:33\x* \v 45 ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر.\f □ \fr 2:45 \ft \+bd «ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە...»\+bd* ــ بۇ بابتىكى بېشارەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:45 \xt يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ زەب. 118‏:22؛ زەك. 3‏:9؛ مات. 21‏:42-44؛ يـۇھ. 3‏:31؛ 8‏:23\x* \b \m \s1 پادىشاھنىڭ دانىيالغا ئىنئام بېرىشى \m \v 46 ئاندىن پادىشاھ نېبوقادنەسار ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دانىيالغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىپ خۇشپۇراق-ئىسرىق سېلىشنى ئەمر قىلدى. \v 47 پادىشاھ ئۇنىڭغا: \m ــ دەرۋەقە، سېنىڭ خۇدايىڭ ئىلاھلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ، پادىشاھلارنىڭ خوجىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئىكەن، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشتىڭ! ــ دېدى. \m \v 48 ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى. \v 49 دانىيالنىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلىشى بىلەن، پادىشاھ شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىدى. دانىيال ئۆزى ئوردا خىزمىتىدە قالدى.\f □ \fr 2:49 \ft \+bd «دانىيال ئۆزى ئوردا خىزمىتىدە قالدى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «دانىيال پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا تۇراتتى». كونا زامانلاردا شەھەرنىڭ ياكى ئوردىنىڭ دەرۋازىسى بولسا، سوراقچىلار ھۆكۈم چىقىرىدىغان جاي ئىدى.\f* \b \b \m \c 3 \s1 نېبوقادنەسارنىڭ ئالتۇن ھەيكەلگە چوقۇنۇشنى ئەمر قىلىشى \m \v 1 پادىشاھ نېبوقادنەسار ئالتۇندىن ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز كېلىدىغان بىر ھەيكەل ياساپ، بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئورناتتى. \f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز...»\+bd* ــ «گەز» (ياكى «جەينەك») جەينەكتىن قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقتۇر، تەخمىنەن 40-45 سانتىمېتر.\f* \v 2 پادىشاھ بارلىق ۋەزىر، ۋالىي، ھاكىم، مەسلىھەتچى، خەزىنىچى، سوتچى، سوراقچىلارنى شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان بۇ ئالتۇن ھەيكەلنى ئۆز ئىلاھىغا ئاتاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا پەرمان چۈشۈردى. \v 3 شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، سوراقچىلار، شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاتاش مۇراسىمىغا جەم بولدى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى. \m \v 4 جاكارچى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ ئەي ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەنلەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار، \v 5 سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش ئۇرۇپ پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار. \f □ \fr 3:5 \ft \+bd «لىرا»\+bd* ــ لىرا بولسا تۆت تارلىق بىر خىل ساز. \+bd «بۇلمان»\+bd* ــ بۇلمان بولسا بىر خىل پۈۋلىنىدىغان ساز.\f* \v 6 كىمكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، شۇئان دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ، ــ دەپ جاكارلىدى. \m \v 7 شۇڭا، سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەن، ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋم يەرگە باش ئۇرۇپ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى. \b \m \s1 كالدىيلەرنىڭ ئۈچ بۇرادەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى \m \v 8 ئۇ چاغدا، بەزى كالدىيلەر ئالدىغا چىقىپ يەھۇدىيلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. \v 9 ئۇلار پادىشاھ نېبوقادنەسارغا: \m ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! \v 10 ئالىيلىرى سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەممەيلەن يەرگە باش ئۇرۇپ ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن، \v 11 شۇنداقلا كىمكى يەرگە باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، ئۇ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلانسۇن دەپ پەرمان قىلغانىدىلا. \v 12 سىلى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن بىرنەچچە يەھۇدىي، يەنى شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار بار؛ ئى ئالىيلىرى، بۇ ئادەملەر سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولمىدى ياكى پادىشاھ ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 13 شۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ نېبوقادنەسار دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۈچەيلەننى پادىشاھ ئالدىغا ئەپكەلدى. \v 14 نېبوقادنەسار ئۇلارغا: \m ــ شادراك، مىشاك، ئەبەددنېگو، سىلەر راستتىن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنىڭ خىزمىتىدە بولمىدىڭلارمۇ ھەم مەن ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدىڭلارمۇ؟ \v 15 ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! ــ دېدى. \m \v 16 شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار پادىشاھقا جاۋابەن: \m ــ ئى نېبوقادنەسار، بۇ ئىشتا بىز ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىز ھاجەتسىز. \v 17 بىز سەجدە قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدايىمىز بىزنى دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداندىن قۇتقۇزالايدۇ؛ ئى ئالىيلىرى، ئۇ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىن بىزنى قۇتقۇزىدۇ. \v 18 لېكىن بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەنىلا ئىلاھلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولمايمىز ۋە سىلى ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، ــ دېدى. \b \m \s1 ئۈچ دوستنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشى \m \v 19 بۇنى ئاڭلىغان ھامان پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ تەرى بۇزۇلۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارغا قاتتىق غەزەپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرىگە خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىشنى بۇيرۇدى. \v 20 ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ قاۋۇل پالۋانلارغا شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى باغلاپ، دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى. \v 21 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى. \v 22 پادىشاھنىڭ ئەمرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خۇمداندىكى ئوت ئىنتايىن يالقۇنلاپ يېنىپ تۇراتتى، شۇڭلاشقا خۇمداندىن چىقىۋاتقان يالقۇن شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. \v 23 شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى. \m \v 24 ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: \m ــ بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! ــ دېدى. \m \v 25 پادىشاھ جاۋابەن: \m ــ مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! ــ دېدى. \b \m \s1 ئۈچەيلەننىڭ خۇمدان ئوتىدىن چىقىشى ۋە ئۆستۈرۈلۈشى \m \v 26 شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: \m ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! ــ دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى. \m \v 27 بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى. \m \v 28 نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: \m ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى. \f □ \fr 3:28 \ft \+bd «... پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «... پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ تەنلىرىنى تەۋەككۇل قىلدى».\f* \v 29 ئەمدى مەن شۇنداق پەرمان چۈشۈرىمەنكى: قايسى ئەل-يۇرت بولسۇن، قايسى تائىپىلەردىن كەلگەن بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا قارا چاپلايدىكەن، پۈتۈن تېنى قىيما-چىيما قىلىنسۇن، ئۆيلىرى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلسۇن! چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان باشقا ئىلاھ يوق.\x + \xo 3:29 \xt دان. 2‏:5\x* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەننى ئۆستۈرۈپ، بابىل ئۆلكىسىدە يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلىدى. \b \b \m \c 4 \s1 نېبوقادنەسارنىڭ ئىككىنچى چۈشى توغرۇلۇق يازغان خېتى \m \v 1 «مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! \m \v 2 ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم. \v 3 ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ!\x + \xo 4:3 \xt زەب. 93‏:1، 2؛ دان. 6‏:27\x* \m \v 4 مەنكى نېبوقادنەسار ئۆيۈمدە بىخارامان ئولتۇرغىنىمدا، ئوردامدا باياشات تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقىنىمدا، \v 5 مېنى ئىنتايىن قورقىتىۋەتكەن بىر چۈشنى كۆردۈم، ئورنۇمدا ياتقىنىمدا بېشىمدىكى ئويلار ۋە كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئالاقزادە قىلدى. \m \v 6 بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم. \v 7 شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى. \f □ \fr 4:7 \ft \+bd «بېرەلمىدى»\+bd* ــ ياكى «بەرمىدى»\f* \v 8 لېكىن ئاخىردا دانىيال كىردى (ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولۇپ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان). مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى ئۇنىڭدا ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا: \m \v 9 ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم.\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن...»\+bd* ــ بۇ پادىشاھنىڭ كۆز-قارىشى. دانىيال ئۆزى پالچە ئەمەس، ئەلۋەتتە. پالچىلىق تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.\f* \m \v 10 ــ مەن ئورنۇمدا ياتقىنىمدا كاللامدا مۇنداق غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردۈم: مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن؛ ئۇ تولىمۇ ئېگىزمىش. \v 11 ئۇ بارغانسېرى چوڭ ھەم مەزمۇت ئۆسۈپ، ئاسمانغا تاقىشىپتۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چەتلىرىگىمۇ كۆرۈنىدىكەن. \v 12 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇنىڭدا پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايىداشىدىكەن، شاخلىرىدا ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ماكان قىلىدىكەن؛ مېۋىسىدىن بارلىق ئەت ئىگىلىرىمۇ ئوزۇقلىنىدىكەن. \m \v 13 ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ، \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «...مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشتى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «بىر مۇقەددەس بولغۇچى چۈشتى».\f* \v 14 مۇنداق جاكارلىدى: \m ــ «دەرەخنى كېسىپ، شاخلىرىنى قىرقىپ، يوپۇرماقلىرىنى ۋە مېۋىلىرىنى قېقىپ چۈشۈرۈپ چېچىۋېتىڭلار. دەرەخ تۈۋىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن، ئۇنىڭ شاخلىرىدىكى قۇشلار تېزىپ كەتسۇن. \v 15 يەردە پەقەت كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن. \v 16 ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلسۇن، شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن.\f □ \fr 4:16 \ft \+bd «ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «ئادەمىي كۆڭۈلدىن مەھرۇم قىلىنىپ». \+bd «ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى». \+bd «...شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن»\+bd* ــ «يەتتە ۋاقىت» مۇقەددەس كىتابتا دېيىلگىنى بويىچە، يەتتە يىلنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بابىللىقلارنىڭ كالېندارىدىكى بىر يىل 360 كۈن بولغاچقا، بەلكىم 2520 كۈن بولۇشى كېرەك. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 17 دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر». \m \v 18 ــ مەن پادىشاھ نېبوغادنەسار مانا شۇنداق چۆشنى كۆردۇم. ئەي بەلتەشاسار، چۈشۈمگە تەبىر بەرگەيسەن. پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەر ئىچىدە مەن ئۈچۈن بۇنىڭغا تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. لېكىن سەن تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن. \m \v 19 شۇنىڭ بىلەن بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتالغان دانىيال بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى ۋە چۈش توغرىسىدا ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدى. \m پادىشاھ: ــ ئەي بەلتەشاسار، بۇ چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى سېنى ئالاقزادە قىلمىسۇن، ــ دېدى. \m بەلتەشاسار جاۋابەن: \m ــ ئى ئالىيلىرى، بۇ چۈش سىلىدىن نەپرەتلەنگەنلەرگە بولسۇن، ئۇنىڭ تەبىرى ئۆزلىرىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە چۈشكەي! \f □ \fr 4:19 \ft \+bd «بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «بىرەر سائەت ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى».\f* \v 20‏-21 بارغانسېرى ئۆسۈپ مەزمۇت بولغان، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، پۈتكۈل دۇنياغا كۆرۈنىدىغان، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول بولغان، پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بولىدىغان، سايىسىدا ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان، شاخلىرىدا ئۇچار قۇشلار ماكان قىلىدىغان دەرەخ بولسا، يەنى سەن كۆرگەن دەرەخ ــ دەل ئۆزلىرىدۇر، ئى ئالىيلىرى! \m ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. \m \v 22 ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. \v 23 ئالىيلىرى قاراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاسماندىن بىر قارىغۇچى، يەنى بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشۈپ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، خاراب قىلىڭلار. ھالبۇكى، يەردە كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن قالدۇرۇرپ، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. «يەتتە ۋاقىت» بېشىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن، ــ دەپتۇ. \m \v 24 ــ ئى ئالىيلىرى، چۈشلىرىنىڭ مەنىسى مانا شۇ ــ بۇلار بولسا ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن خوجام پادىشاھنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار ــ \v 25 ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ. \x + \xo 4:25 \xt دان. 5‏:20،21\x* \v 26 «دەرەخنىڭ كۆتىكىنى يىلتىزى بىلەن يەردە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇلغانىكەن، ئۆزلىرى ئەرشلەرنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىدىغاننلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىقلىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. \v 27 شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟ \m \v 28 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ بېشىغا چۈشتى. \m \v 29 ئون ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ بابىلدىكى پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سەيلە قىلىۋېتىپ: \m \v 30 ــ قاراڭلار، مەن ئۆز ئىززىتىم ۋە شان-شۆھرىتىم نامايان قىلىنسۇن دەپ، شاھانە ئوردامنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن زور كۈچۈم بىلەن ياسىغان ھەيۋەتلىك بابىل شەھىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. \m \v 31 ئۇنىڭ سۆزى ئاغزىدىن تېخى ئۈزۈلمەيلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ: \m ــ ئەي پادىشاھ نېبوقادنەسار، بۇ سۆز ساڭا كەلدى: پادىشاھلىق سەندىن ئېلىندى. \v 32 سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى. \m \v 33 بۇ سۆز نېبوقادنەساردا شۇئان ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەپ، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى قۇشنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ كەتتى. \m \v 34 ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم. \m ئۇنىڭ ھاكىملىقى مەڭگۈلۈك ھاكىملىقتۇر؛ \m ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىدۇر. \m \v 35 ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ \m ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ \m ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟ \m \v 36 شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم. \m \v 37 ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: \m ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، \m ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ \m ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!». \b \b \m \c 5 \s1 نېبوقادنەسارنىڭ نەۋرىسى پادىشاھ بەلشازارنىڭ زىياپىتى \m \v 1 بىر كۈنى پادىشاھ بەلشازار ئەمىر-ئېسىلزادىلەردىن مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت كەيپىنى سۈردى. \f □ \fr 5:1 \ft \+bd «پادىشاھ بەلشازار ئەمىر-ئېسىلزادىلەردىن مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ...»\+bd* ــ پادىشاھ بەلشازار نېبوقادنەسارنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئەمەلىيەتتە شۇ كۈنلەردە ئۇ «مۇئاۋىن ئىمپېراتور» ئىدى؛ ئاتىسى نابونىدۇس ئىمپېراتور ئىدى، لېكىن ئۇ ئادەتتە بابىلدا تۇرمايتتى. \+bd «... ئۇلارنىڭ ئالدىدا شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت كەيپىنى سۈردى»\+bd* ــ بۇ بابتىكى 30-31-ئايەتلەردىن قارىغاندا، شۇ چاغدا پارس قوشۇنلىرى بابىل شەھىرىنى ئاللىقاچان قورشىۋالغانىدى. ئەمدى بابىللار نېمىشقا زىياپەت قىلىدۇ؟ تارىخشۇناسلارنىڭ تەھلىلى بويىچە بابىل شەھىرى (ئا) ئىنتايىن مۇستەھكەم، سېپىلى ئېگىز شەھەر؛ (ئە) ئۇنىڭدا يىرگىرمە يىللىق ئوزۇق-تۈلۈك توپلانغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۆزىنى تولىمۇ بىخەتەر، دەپ قارايتتى.\f* \v 2 پادىشاھ بەلشازار شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇن-كېنىزەكلىرىنىڭ شارابنى ئاتىسى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن ئولجىغا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلاردا ئىچىشىگە، شۇ جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. \m \v 3 \add نەۋكەرلەر\add* دەرھال بېرىپ خۇدانىڭ يېروسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقتى؛ پادىشاھنىڭ ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى ئۇلاردا شاراب ئىچتى. \v 4 ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى. \m \v 5 دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ، \f □ \fr 5:5 \ft \+bd «... چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى»\+bd* ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئارخېئولوگلار قازغان ئاسارئەتىقىلەرگە ئاساسەن، بابىل ئوردىلىرىدىكى تاملار ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ غەلىبە-مۇۋەپپەقىيەتلىرى سۈرەت ۋە سۆزلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن. پادىشاھ زىياپەت قىلغاندا، ماختىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇرۇشلاردىكى غەلىبىسىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، چىراغدان بۇ رەسىملەرنىڭ ئۇدۇلىغا قويغۇزۇلاتتى.\f* \v 6 چىرايى تاتىرىپ، كۆڭلىدە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، پۇتلىرى تىترەپ كەتتى. \f □ \fr 5:6 \ft \+bd «پۇت-قوللىرى بوشىشىپ،...»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «بەل-ساغرىسىنىڭ بوغۇم-ئۈگىلىرى بوشىشىپ،..». بۇ ئىش-ۋەقە «يەش.» 41:45تىكى بېشارەتنىڭ بىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى. \+bd «پۇتلىرى تىترەپ كەتتى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «تىزلىرى بىر-بىرىنى قاققىلى تۇردى».\f* \v 7 پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: \m ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ،...»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا سۆسۈن رەڭ «شاھانە رەڭ» دەپ ھېسابلىناتتى.\f* \m \v 8 پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئوردىغا ھازىر بولدى؛ لېكىن ئۇلار نە خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى نە پادىشاھقا مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. \v 9 بەلشازار تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى. ئەمىر-ئېسىلزادىلەرمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. \m \v 10 پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خانىش زىياپەت زالىغا كىرىپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: \m ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! ئالاقزادە بولۇپ كەتمىگەيلا، چىرايلىرى تاتىراپ كەتمىگەي. \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «...ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خانىش زىياپەت زالىغا كىرىپ،...»\+bd* ــ «خانىش» مۇشۇ يەردە بەلشازارنىڭ ئانىسى ياكى چوڭ ئانىسى (نېبوقادنەسارنىڭ ئايالى) بولسا كېرەك.\f* \v 11 پادىشاھلىقلىرىدا بىر كىشى بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار، ئاتىلىرى تەختتىكى ۋاقتىدا، بۇ كىشىدە يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت، يەنى ئىلاھلارغا خاس ئەقىل-پاراسەت نامايان قىلىنغانىدى. ئاتىلىرى نېبوقادنەسار، يەنى پادىشاھ ئاتىلىرى ئۇنى پۈتۈن رەمچى-پالچىلار، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن. \x + \xo 5:11 \xt دان. 2‏:47، 48\x* \v 12 بۇ كىشىدە ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت، بىلىم، ھېكمەت، چۈشلەرگە تەبىر بېرەلەيدىغان، تېپىشماقلارنى يېشەلەيدىغان ۋە تۈگۈن-سىرلارنى ئاچالايدىغان قابىلىيەت بار ئىدى. شۇ كىشىنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، پادىشاھ ئۇنىڭغا بەلتەشاسار دەپمۇ ئىسىم قويغان. شۇڭا بۇ دانىيال چاقىرتىلسۇن، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. \b \m \s1 دانىيالنىڭ تامدىكى خەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشى \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى، پادىشاھ دانىيالدىن ــ: \m ــ پادىشاھ ئاتام يەھۇدا ئۆلكىسىدىن سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ھېلىقى دانىيال سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، \v 14 ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم. \v 15 ئەمدى دانىشمەنلەر ۋە پىر-ئۇستازلارنى تامدىكى خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىندى؛ لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ھېچقايسىسى يېشىپ بېرەلمىدى. \v 16 بىراق سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانمەنكى، سەن سىرلارنى چۈشەندۈرەلەيدىكەنسەن ۋە تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىكەنسەن. ئەگەر بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيگۈزۈلىدۇ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىدۇ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىسەن، ــ دېدى. \m \v 17 دانىيال پادىشاھقا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ ئالىيلىرىنىڭ ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن، مۇكاپاتلىرىنى باشقا كىشىگە بەرگەيلا. ئەمدىلىكتە مەن ئالىيلىرىغا بۇ خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەي. \v 18 ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى. \v 19 ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇلۇغلۇقتىن ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەر ۋە ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقۇپ تۇراتتى؛ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى خالىسا شۇنى تىرىك قوياتتى؛ كىمنى خالىسا شۇنى مەرتىۋىلىك قىلاتتى، كىمنى خالىسا شۇنى پەس قىلاتتى. \v 20 لېكىن ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ، روھ-قەلبىدە مەغرۇرلىنىپ مىجەزى تەرسالىشىپ، پادىشاھلىق تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئىززىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. \v 21 ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلدى. ئۇ ياۋا ئېشەكلەر بىلەن بىللە ماكانلىشىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يېگۈزۈلدى، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى، تاكى ئۇ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە شۇ ھالەتتە بولدى.\x + \xo 5:21 \xt دان. 4‏:22\x* \m \v 22 ئەي بەلشازار، نېبوقادنەسارنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ئۆزلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلمىدىلا. \v 23 ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. \v 24 شۇڭا، خۇدا بۇ قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى ئەۋەتىپ بۇ خەتلەرنى يازدۇردى. \m \v 25 بۇ خەتلەر: «مېنې، مېنې، تەكەل، ئۇپھارسىن» دېگەندىن ئىبارەت. \f □ \fr 5:25 \ft \+bd «مېنې»\+bd* ــ «ساناش» ياكى «ھېسابلاش» دېگەن سۆزى بىلەن، \+bd «تەكەل»\+bd* ــ «تارازىدا تارتىش» دېگەن سۆزى بىلەن، \+bd «ئۇپھارسىن»\+bd* ــ «پارچىلىنىش» دېگەن سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولىدۇ. \fp ئارامىي تىلىدىن ئىبرانىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا «بىر مىنا، بىر شەكەل، يېرىم مىنا» دېگەن بولىدۇ. مىنا ۋە شەكەل ئىبرانىيلارنىڭ پۇل بىرلىكلىرى ئىدى.\f* \m \v 26 بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: ــ «مېنې» ــ خۇدا سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، ئۇنى ئاياغلاشتۇردى. \m \v 27 «تەكەل» ــ سىلى تارازىدا تارتىلىۋىدىلا، كەم چىقتىلا. \m \v 28 «پەرەس» ــ پادىشاھلىقلىرى پارچىلىنىپ، مېدىئالىقلار بىلەن پارسلارغا تەۋە قىلىندى.\f □ \fr 5:28 \ft \+bd «پەرەس»\+bd* ــ «ئۇپھارسىن» دېگەن سۆزنىڭ بىرلىك شەكلى (25-ئايەتتە «ئۇپھارسىن» كۆپلۈك شەكىلدە). «پەرەس» («ئۇپھارسىن») دېگەنلىك «پارس» سۆزى بىلەن يىلتىزداش بولۇپ، بۇ يەردە ئىككى بىسلىق مەنە بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەم پارچىلانغان ھەم پارسلارغا مەنسۇپ بولىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 29 شۇنىڭ بىلەن بەلشازار دەرھال نەۋكەرلىرىگە ئەمر قىلىۋىدى، ئۇلار دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك توننى كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىرنى ئېسىپ قويدى؛ ئۇ ئۇ توغرۇلۇق: «پادىشاھلىق ئىچىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولسۇن» دەپ جاكارلىدى. \m \v 30 شۇ كېچە كالدىيلەرنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئۆلتۈرۈلدى. \v 31 پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدى.\f □ \fr 5:31 \ft \+bd «پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھلىقنى قوبۇل قىلدى». \fp بابىل شەھىرىنىڭ قانداق ئىشغال قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى قىزىق تېما توغرۇلۇق «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، «بابىل شەھىرىنىڭ ئۆرۈۋېتىلىشى توغرۇلۇق بېشارەتلەر» دېگەن بايانلىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 6 \s1 دانىيال شىرلار ئۆڭكۈرىدە \m \v 1 پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە ۋەزىرنى ھەرقايسى يۇرتلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى. \f □ \fr 6:1 \ft \+bd «پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ مۇشۇ «دارىئۇس»نىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئالىملار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بار. بەزىلىرى ئۇنى پارسلىق قورەش، دەپ قارايدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە دارئىئۇس «مېدىئالىق» دېيىلىدۇ ۋە 31گە قارىغاندا، ئۇ قورەشنىڭ قول ئاستىدا ئىدى («مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھلىقنى \+bd قوبۇل قىلدى\+bd*» دېيىلىدۇ). ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئارخېئولوگلار تەتقىقاتلىرى بىلەن ئېنىقلىشى مۇمكىن.\f* \v 2 بۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇ ۋەزىرلەرنى نازارەت قىلىپ، بۇ ۋەزىرلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىسۇن دەپ دانىيال ۋە باشقا ئىككى كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. \v 3 دانىيالدا ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت بار بولغاچقا، ئۇ باشقا نازارەتچىلەردىن ۋە ۋەزىرلەردىن ئىقتىدارلىق چىقتى. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىمەكچى بولدى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن باشقا نازارەتچى ۋە ۋەزىرلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدىن سەۋەنلىك ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار ئەرز قىلغۇدەك ھېچقانداق باھانە-سەۋەب ياكى سەۋەنلىك تاپالمىدى. چۈنكى دانىيال دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىلچە كەمچىلىك ياكى سەۋەنلىك چىقىرالمىغانىدى. \v 5 شۇڭا شۇ ئادەملەر ئۆزئارا: \m ــ دانىيالنىڭ خۇداسىنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق باھانە تاپالمايمىز، ــ دېيىشتى. \m \v 6 شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: \m ــ پادىشاھ دارىئۇس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! \v 7 ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن! \f □ \fr 6:7 \ft \+bd «ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار...»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ بۇ بايانىدىكى «بارلىق» دېگەن سۆز يالغانچىلىق ئىدى؛ چۈنكى دانىيال ئۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە.\f* \v 8 ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېدى. \x + \xo 6:8 \xt ئەست. 1‏:9؛ 8‏:8\x* \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى.\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى.»\+bd* ــ 9-ئايەتنىڭ تولۇق مەنىسىنى بېكىتىش تەس. ئارامىي تىلىدا «شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرمان ۋە يارلىقنامىگە قول قويدى» دېيىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئىككى يازما يارلىق بولغان بولسا كېرەك. پارس ئوردىسىدىكى قائىدە-نىزاملاردىن ئانچە خەۋىرىمىز بولمىغاچقا، نېمە ئۈچۈن ئىككى يارلىق كېرەك بولىدىغىنىنى بىلمەيمىز.\f* \m \v 10 دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى.\x + \xo 6:10 \xt 1پاد. 8‏:44؛ زەب. 55‏:17\x* \m \v 11 لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. \v 12 ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: \m ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m پادىشاھ: ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. \m \v 13 ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: \m ــ يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 14 بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ، كۆڭۈل قويۇپ دانىيالنى قۇتقۇشۇشقا ئامال تاپماقچى بولۇپ، ئۇ كۈن پاتقۇچە ھەرخىل قۇتقۇزۇش ئامالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈردى. \m \v 15 لېكىن ئاخىردا ئۇ كىشىلەر يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇنىڭغا: \m ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، مېدىئالار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى دەل شۇكى، پادىشاھنىڭ بېكىتكەن ھەرقانداق قارارى ياكى پەرمانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېيىشتى. \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: \m ــ سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! ــ دېدى. \m \v 17 بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى. \v 18 ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. \f □ \fr 6:18 \ft \+bd «ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى»\+bd* ــ ياكى، «ئۇ ھېچقانداق كۆڭۈل ئېچىشلارنىمۇ قىلمىدى». \+bd «ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى». \fp \f* \v 19 تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى. \v 20 پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: \m ــ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. \m \v 21 دانىيال جاۋابەن: \m ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! \v 22 خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. \m \v 23 بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى. \v 24 ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، \add نەۋكەرلىرى\add* دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى. \m \v 25 شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: ــ \m «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! \m \v 26 مەن ئۇشبۇ يارلىقنى چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر يۇرتتىكى پۇقرالار دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا تىترەپ قورقسۇن! \m ــ چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، \m مەڭگۈ مۇستەھكەم ئۆزگەرمەستۇر، \m ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھالاك قىلىنماس، \m ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ.\f □ \fr 6:26 \ft \+bd «ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاخىرغىچە بولىدۇ».\f*  \x + \xo 6:26 \xt دان. 2‏:44؛ 4‏:3؛ 7‏:14، 27؛ لۇقا 1‏:33\x* \m \v 27 ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، \m ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، \m ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى». \m \v 28 دانىيالنىڭ بولسا شۇ ئىشلاردىن كېيىن دارىئۇس ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، شۇنداقلا پارس پادىشاھى قۇرەش ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئىشلىرى راۋان يۈرۈشتى. \b \b \m \c 7 \s1 دانىيالنىڭ غايىبانە ئالامەتلەرنى بايان قىلغانلىقى •••• تۆت زور مەخلۇقنى كۆرۈش \m \v 1 بەلشازار بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى دانىيال ئورنىدا يېتىپ چۈشىدە بىرنەچچە غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردى. ئۇ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەپ خاتىرىلىۋالدى: ــ \m \v 2 كېچىدە كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈشتە مەنكى دانىيال شۇنى كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىدىن شامال چىقىپ، «ئۇلۇغ دېڭىز» يۈزىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. \f □ \fr 7:2 \ft \+bd «ئۇلۇغ دېڭىز»\+bd* ــ «ئوتتۇرا دېڭىز»نى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 3 دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى.\x + \xo 7:3 \xt دان. 2‏:37-45\x* \m \v 4 بىرىنچى مەخلۇق شىرغا ئوخشايتتى، لېكىن بۈركۈتنىڭ قانىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمدا، قاناتلىرى يۇلۇندى؛ ئاندىن ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى پۇتى يەرگە دەسسىتىلىپ ئادەمدەك تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي بىر قەلب بېرىلدى.\x + \xo 7:4 \xt دان. 4‏:34\x* \m \v 5 مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى. \m \v 6 قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا يەنە بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى، دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قانىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بېشى تۆت ئىدى. ئۇنىڭغا ھاكىملىق ھوقۇقى بېرىلدى. \m \v 7 ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. \v 8 مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى. \b \m \s1 مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنى كۆرۈش \m \v 9 مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»\+bd* ــ ئەسلىدە ئىبرانىي تىلىدا «قەدىمكى كۈنلەردىن تارتىپ بار بولغۇچى» ــ يەنى خۇدا دېگەنلىكتۇر، ئەلۋەتتە.\f* \v 10 ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى. \f □ \fr 7:10 \ft \+bd «...تۈمەن مىڭلىغان»\+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «... مىڭلىڭان مىڭلىغان» ياكى «مىڭلىغان مىڭ» ــ دېمەك، بىرنەچچە مىليون. \+bd «ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى»\+bd* ــ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى پەرىشتىلەر، ئەلۋەتتە. «ۋەھ.» 16:9نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:10 \xt ۋەھ. 5‏:11؛ 20‏:12\x* \v 11 ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈزنىڭ يوغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئاۋازىدىن دىققىتىم شۇنىڭغا تارتىلىپ قاراپ تۇراتتىم. قاراپ تۇرغىنىمدا، تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ھالاك قىلىنىپ، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلدى. \m \v 12 قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى. \m \v 13 كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. \x + \xo 7:13 \xt دان. 7‏:27؛ زەب.2‏:6؛ ناھ. 1‏:3؛ مات. 24‏:30؛ 26‏:64؛ 1تېس. 4‏:17؛ ۋەھ. 1‏:7\x* \v 14 ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس.\x + \xo 7:14 \xt دان. 2‏:44؛ لۇقا 1‏:33\x* \b \m \s1 غايىبانە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەبىرى \m \v 15 مەنكى دانىيالنىڭ ۋۇجۇدۇم، دىل-روھىم بەك بىئاراملىققا چۆمدى، كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلدى. \v 16 مەن يېقىن تۇرغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بۇ غايىبانە ئالامەتلەرنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ ماڭا تەبىر بېرىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ــ \f □ \fr 7:16 \ft \+bd «يېقىن تۇرغۇچىلار»\+bd* ــ پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.\f* \m \v 17 «بۇ تۆت زور مەخلۇق كەلگۈسىدە دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆت پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. \v 18 لېكىن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە شۇنداق بولىدۇ».\f □ \fr 7:18 \ft \+bd «... مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ»\+bd* ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، «پادىشاھلىق» دېگەن كىمنىڭكى ياكى قايسى پادىشاھلىق ئېيتىلمىغان. نېمىشقا؟ جاۋاب چوقۇم شۇكى، شۇ چاغدا پەقەت بىرلا پادىشاھلىق، يەنى خۇدانىڭكى بولىدۇ.\f* \m \v 19 مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى، \v 20 شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزىنىڭ ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلمەكچى بولدۇم ــ ئۇنىڭ، يەنى ھېلىقى كىچىكىنىڭ ئالدىدا ئەسلىدە بار بولغان باشقا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن، كۆزلىرى ۋە يوغان گەپ قىلىدىغان ئاغزى بار بولۇپ، ئەنە باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى. \v 21 قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛ \v 22 «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، \add خۇدانىڭ\add* مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى.\f □ \fr 7:22 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى».\f* \m \v 23 \add تەبىر بەرگۈچى\add* چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: ــ \m «تۆتىنچى مەخلۇق كەلگۈسى دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆتىنچى بىر پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى يۇتۇپ، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ.\x + \xo 7:23 \xt دان. 2‏:40-44\x* \m \v 24 ئون مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن يەنە بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. \x + \xo 7:24 \xt دان. 2‏:40-44\x* \v 25 ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ. \f □ \fr 7:25 \ft \+bd «ئۈچ يېرىم ۋاقىت»\+bd* ــ تەخمىنەن «ئۈچ يېرىم يىل»نى كۆرسىتىدۇ. سەل توغرىراق دېسەك، «بىر ۋاقىت» («دانىيال» دېگەن قىسىمنىڭ باشقا يەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا) بەلكىم بابىللىقلارنىڭ ئىشلىتىدىغان يىلى، يەنى 360 كۈنلۈك ۋاقىتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا «ئۈچ يېرىم ۋاقىت»، 1260 كۈننى كۆرسىتىدۇ. \fp ئەسلىي ئارامىي تىل نۇسخىسىدا، «ئۈچ يېرىم ۋاقىت»، «بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت ۋە قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. بابىللىقلار بەزى يىللىرىغا قوشۇمچە بىر ئاينى «كەبىسە ئاي» دەپ قاتاتتى؛ «بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت ۋە قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت» دېگەن ئىبارە قوشۇمچە ئاينىڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ. دېمەك، «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» 1290 كۈن ئەمەس، بەلكى 1260 كۈن بولىدۇ.\f*  \x + \xo 7:25 \xt دان. 9‏:27؛ 11‏:36؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4؛ ۋەھ. 13‏:1-8\x* \v 26 ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ. \m \v 27 لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلارنىڭ سەلتەنىتى ۋە شۆھرىتى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە، يەنى خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ بىر پادىشاھلىقتۇر، دۇنيادىكى پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ».\x + \xo 7:27 \xt دان. 2‏:44\x* \m \v 28 بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەنكى دانىيال، ئۆز ئويلىرىم ئۆزۈمنى ئالاقزادە قىلدى، چىرايىم تاتىرىپ كەتتى. بىراق بۇ ئىشنى قەلبىمدە پۈكۈپ ساقلىدىم.\f □ \fr 7:28 \ft \+bd «بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەرگىچە بولدى...»\+bd* ــ 7-بابتىكى بېشارەتلەر توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 8 \s1 قوچقار بىلەن تېكە ھەققىدە غايىبانە كۆرۈنۈش \m \v 1 پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. \f □ \fr 8:1 \ft \+bd «پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى...»\+bd* ــ 8-باب، 1-ئايەتتىن باشلاپ كىتابنىڭ قالغان قىسمىنىڭ ھەممىسى ئارامىي تىلىدا ئەمەس، ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان.\f* \v 2 غايىبانە كۆرۈنۈشتە، ئۆزۈمنى ئېلام ئۆلكىسىدىكى شۇشان قەلئەسىدە كۆردۈم. كۆرۈنۈشتە مەن ئۇلاي چوڭ ئۆستىڭى بويىدا ئىدىم. \m \v 3 بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئىككى مۈڭگۈزى بار بىر قوچقارنىڭ چوڭ ئۆستەڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئېگىز بولۇپ، بىر مۈڭگۈز يەنە بىرىدىن ئېگىز ئىدى؛ ئېگىزرەك بولغان مۈڭگۈز يەنە بىرسىدىن كېيىنرەك ئۆسۈپ چىققانىدى. \v 4 مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە ئۈسۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى ۋە ھېچكىم ھېچكىمنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمايتتى. ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى، بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. \m \v 5 مەن بۇ توغرۇلۇق ئويلاۋاتاتتىم، مانا، غەرب تەرەپتىن بىر تېكە پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەن ھالدا پۈتۈن جاھاننى كېزىپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا كۆرۈنەرلىك چوڭ بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققانىدى. \v 6 ئۇ مەن دەسلەپ كۆرگەن ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدا تۇرغان ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ قەھرى بىلەن شىددەتلىك ئېتىلدى. \v 7 مەن ئۇنىڭ قوچقارغا يېقىن كېلىپ، غەزەپ بىلەن قوچقارنى ئۈسۈپ ئىككى مۈڭگۈزىنى سۇندۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. قوچقارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغانىدى، تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، دەسسەپ-چەيلىدى، تېكىنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ئادەم چىقمىدى. \m \v 8 تېكە بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ خېلى كۈچىيىپ بولغاندا، چوڭ مۈڭگۈزى سۇنۇپ چۈشۈپ، ئەسلىدىكى جايىدىن ئاسماندىكى تۆت شامالغا قاراپ تۇرىدىغان، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆت مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. \m \v 9 بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. \f □ \fr 8:9 \ft \+bd «گۈزەل زېمىن»\+bd* ــ قانائان زېمىنى (پەلەستىن). ئىبرانىي تىلىدا «گۈزەللىكنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ.\f* \v 10 ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، ساماۋىي قوشۇندىكىلەردىن ۋە يۇلتۇزلاردىن بىرمۇنچىسىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى \v 11 (ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى. \f □ \fr 8:11 \ft \+bd «كۈندىلىك قۇربانلىق»\+bd* ــ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمرى بىلەن ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر قوزا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قىلىنىشى كېرەك. بۇ قۇربانلىقنى بولسا ئىسرائىل ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق قۇربانلىق دېگىلى بولىدۇ. \fp «سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسى» ــ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.شۇڭا مۇشۇ ئىبارىدىن «ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى»نىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بۇرۇنقى بىر سالاھىيىتىدۇر. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» توغرۇلۇق باشقا ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 12 ئاسىيلىق تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ خەلقى ۋە كۈندىلىك قۇربانلىق چوڭ مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلىدۇ). ئۇ ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «ئاسىيلىق»\+bd* ــ بىزنىڭچە «ئاسىيلىق» مۇشۇ يەردە بەلكىم «كىچىك مۈڭگۈز» (يەنى دەججال)نىڭ ئاسىيلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك (13-ئايەتنى كۆرۈڭ). بۇ سۆز يەنە خۇدانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئاسىيلىقىنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. \fp \fp \+bd «خۇدانىڭ خەلقى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشۇن».\f* \m \v 13 كەينىدىن، بىر مۇقەددەس \add پەرىشتىنىڭ\add* سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس \add پەرىشتە\add* سۆز قىلغان \add پەرىشتىدىن\add*: \m ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 8:13 \ft \+bd «غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى»\+bd* ــ بۇ ««ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق» بولسا دەل «سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قوزا قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» (11-ئايەت) ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىرخىل بۇت سېلىش. 9-باب، 26-، 27-ئايەت، 11-باب 36-39-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 14 ھېلىقى پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: \m ــ بۇ ئىشلار ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي» پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 8:14 \ft \+bd «پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «توغرا قىلىنىدۇ» ياكى «ھەققانىي قىلىنىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \m \s1 پەرىشتە جەبرائىلنىڭ غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈشى \m \v 15 بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، مەنكى دانىيال ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئالدىمدا ئادەمنىڭ قىياپىتىدە بىرسى پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى. \v 16 ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: \m ــ ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، ــ دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. \x + \xo 8:16 \xt دان. 9‏:21؛ لۇقا 1‏:26\x* \m \v 17 \add جەبرائىل\add* يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: \m ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى. \m \v 18 ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ \m \v 19 «مەن ھازىر ساڭا \add خۇدانىڭ\add* غەزىپى كەلگەن مەزگىلدە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى توغرىسىدىدۇر. \v 20 سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \v 21 ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۈڭگۈز بولسا، ئۇنىڭ بىرىنچى پادىشاھىدۇر.\f □ \fr 8:21 \ft \+bd «ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھى بولۇپ، ...».\f* \m \v 22 ئۇ مۈڭگۈز سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن ئۆسۈپ چىققان ھېلىقى تۆت مۈڭگۈز بۇ ئەلنىڭ تۆت پادىشاھلىققا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈچى بىرىنچى پادىشاھلىققا يەتمەيدۇ. \v 23 بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى توشۇشى بىلەن تولىمۇ نومۇسسىز، چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. \f □ \fr 8:23 \ft \+bd «چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خېلى سۈيقەستچى بىر پادىشاھ ...».\f* \v 24 ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە \add خۇدانىڭ\add* مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ. \v 25 ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ. \m \v 26 ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر». \m \v 27 مەنكى دانىيال ماغدۇرۇمدىن قېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدا بولدۇم. لېكىن بۇ غايىبانە ئالامەت كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى.\f □ \fr 8:27 \ft \+bd «ئۇنىڭ (غايىبانە ئالامەتنىڭ) مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى»\+bd* ــ 8-بابتىكى بېشارەتلەر توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 9 \s1 دانىيالنىڭ ئۆز خەلقىگە دۇئا قىلىشى \m \v 1 مېدىئالىق ئاھاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا (ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلىندى) \f □ \fr 9:1 \ft \+bd «كالدىيلەرنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ بابىل زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «...پادىشاھ قىلىندى» ــ بۇ ئىبارە بەلكىم دارىئۇسنىڭ پارس ئىمپېراتورى قورەشنىڭ ئاستىدىكى بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پۈتكۈل پارس ئۈستىگە ئىمپېراتور ئەمەس ئىدى.\f* \v 2 يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. \x + \xo 9:2 \xt يەر. 25‏:11، 12؛ 27‏:7؛ 29‏:10\x* \v 3 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. \v 4 مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: \m ــ «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم!\x + \xo 9:4 \xt قان. 7‏:9\x* \m \v 5 بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، \x + \xo 9:5 \xt زەب. 106‏:6؛ يەش. 64‏:4، 5، 6\x* \v 6 شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق. \m \v 7 ئى رەب، ھەققانىيەت سەندىلا تېپىلىدۇ، لېكىن ساڭا ئاسىيلىق ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، بىزگە، يەنى يەھۇدالارغا، يېروسالېمدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا، يېقىندا بولسۇن، يىراقتا بولسۇن، سەن بىزلەرنى سۈرگۈنلۈككە ھەيدىۋەتكەن بارلىق يۇرتلاردا بولسۇن، پەقەت بۈگۈنكىدەك يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىكلا قالدى. \v 8 ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. \m \v 9 ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. \f □ \fr 9:9 \ft \+bd «ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «رەب خۇدايىمىزدا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر باردۇر؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق» (دېمەك، خۇدا بىزگە رەھىمدىللىك كۆرسەتمىگەن بولسا، بىز بالدۇرلا يوقىتىلاتتۇق).\f*  \x + \xo 9:9 \xt زەب. 130‏:3-8؛ يىغ. 3‏:22\x* \v 10 بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق. \v 11 پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاۋازىڭغا قۇلاق سالماي سېنىڭدىن يۈز ئۆرىدى. دەرۋەقە، سېنىڭ قۇلۇڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ھەمدە ئۇنىڭ قەسەميادىدىكى جازالار ئۈستىمىزگە ياغدۇرۇلدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.\x + \xo 9:11 \xt لاۋ. 26‏:14-45؛ قان. 27‏:15-26؛ 28‏:15-68؛ 29‏:20؛ 30‏:17-20؛ 31‏:17 ،18؛ 32‏:19-25؛ يىغ. 2‏:17\x* \v 12 سەن ئۆزۈڭ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچىمىزغا قارىتا دېگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ بىزگە زور ئېغىر كۈلپەتنى كەلتۈردۈڭ؛ چۈنكى يېرۇسالېمدا قىلىنغان ئىشلار ئاسمان ئاستىدىكى ھەرقانداق باشقا يۇرتتا ئەزەلدىن قىلىنغان ئەمەس! \v 13 مۇساغا تاپىلانغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك، بۇ پۈتۈن كۈلپەت بىزگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، لېكىن بىز قەبىھلىكلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، ھەقىقىتىڭنى چۈشىنىپ يېتىدىغان قىلغايسەن دەپ تېخىچە سەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئۆتۈنمىدۇق. \v 14 دەرۋەقە سەن پەرۋەردىگار شۇ كۈلپەتنى تەييارلاپ ساقلاپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈردۇڭ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بارلىق قىلغان ئىشلىرىڭدا ئادىل بولۇپ كەلدىڭ؛ بىراق ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. \m \v 15 ئەمدى، ئۆز كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك ئۆزۈڭگە نام-شۆھرەت تىكلىدىڭ، ئى رەب خۇدايىمىز، ــ بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، بىز رەزىللىك قىلدۇق! \x + \xo 9:15 \xt مىس. 32‏:11؛ زەب. 105‏:7؛ 106‏:47\x* \v 16 ئۆتۈنىمەن، ئى رەب، پۈتكۈل ھەققانىيلىقىڭغا ئۇيغۇن، يېرۇسالېم شەھىرىڭگە، يەنى مۇقەددەس تېغىڭغا بولغان قەھر-غەزىپىڭنى توختاتقايسەن! چۈنكى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان قەبىھلىكلىرىنىڭ ۋەجىدىن، يېرۇسالېم ۋە خەلقىڭ بارلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزنىڭ ھاقارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدۇق. \v 17 ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. \f □ \fr 9:17 \ft \+bd «قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... يورۇتقايسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «رەبنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن ... يورۇتقايسەن».\f* \v 18 ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر. \m \v 19 ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!».\f □ \fr 9:19 \ft \+bd «ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈنىڭ سەۋەبىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن!».\f* \b \m \s1 جەبرائىلنىڭ بېشارەت بېرىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى \m \v 20 مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، \v 21 تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. \f □ \fr 9:21 \ft \+bd «...جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم»\+bd* ــ بۇنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «...جەبرائىل دېگەن زات تېزلا ئۇچۇپ كېلىپ، ماڭا قول تەگكۈزدى». ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش بىرقەدەر تەس.\f* \v 22 جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ \m «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم. \m \v 23 سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن: \m \v 24 ــ «\add خۇدا\add* تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. \f □ \fr 9:24 \ft \+bd «قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش»\+bd* ــ «گۇناھلارنى يېپىپ كەچۈرۈم تەمىنلەش» دېگەنلىكتۇر. «لاۋ.» 4-باب ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «پەيغەمبەرلەر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش»\+bd* ــ «مەسىھلىنىش» ياكى «مۇقەددەس قىلىنىش»، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۇقەددەس قانۇنغا ئاساسەن، «مۇقەددەس پۇراقلىق ماي» سۈرۈلۈش بىلەن قىلىنىدۇ («مىس.» 9:26-10نى كۆرۈڭ). بۇ ئۇقۇم ئىبرانىي تىلىدا ««مەسىھ» قىلىنىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \fp بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەڭ مۇقەددەس بولغۇچىنى مەسىھ قىلىش» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى مەسىھ قىلىش. \+bd ««يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن... ... ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر»\+bd* ــ بۇ ئۇلۇغ بېشارەت ۋە 25-27-ئايەتلەردىكى بېشارەتلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ.\f □ \fr 9:25 \ft \+bd «... يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ»\+bd* ــ قىسقىچە: ــ «بىر ۋاقىت»، يۇقىردىكى تەھلىلگە ئاساسەن 360 كۈن بولسا، «يەتتە ھەسسە يەتتە ۋاقىت» (49 ۋاقىت) ۋە «ئاتمىش ئىككىنىڭ يەتتە ھەسسىسى»، (434 ۋاقىت)، جەمئىي بولۇپ «483 ۋاقىت»، يەنى «يېرۇسالېمنى قايتىدىن بىنا قىلىشتىكى پەرمان»دىن «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ مەيدانغا چىقىشى»غىچە 173880 كۈن (تەخمىنەن 476 يىل) بولىدۇ. تارىخىي تەتقىقاتقا ئاساسەن، «يېرۇسالېمنى قايتىدىن بىنا قىلىشتىكى پەرمان»نىڭ چۈشۈرۈلۈشى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 445-يىلى ياكى 444-يىلى ئىدى، ئۇنداقتا «مەسىھ دېگەن ئەمىرنىڭ مەيدانغا چىقىشى» مىلادىيە 32-يىلى ياكى 33-يىلى بولۇشى كېرەك. كىتابخان بۇ پاكىتلاردىن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ...»\+bd* ــ «سېپىل-ئىستىھكام» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «خارۇتس» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇشى ناتايىن؛ چوقۇم بىرخىل ئىستىھكامنى كۆرسىتىدۇ. «كوچىلار» ئىچىدىكى، «خارۇتس» بەلكىم سىرتتىكى بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 9:25 \xt نەھ. 2‏:2-8؛ لۇقا 19‏:35-44\x* \m \v 26 بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. \f □ \fr 9:26 \ft \+bd «مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ (ياكى «مەسىھ كېسىۋېتىلىدۇ») ــ مۇشۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «ئۆلتۈرۈلىدۇ» دەپ ئىپادىلەيدۇ. \+bd «ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ»\+bd* ــ ياكى، «ئۇنىڭ (مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىنىڭ) ئۆلتۈرۈلۈشى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەستۇر».\f*  \x + \xo 9:26 \xt لۇقا 19‏:41-44\x* \v 27 ئۇ \add ئەمىر خۇدانىڭ\add* خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر \add دوستلۇق\add* ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ \add ئىبادەتخانىدىكى\add* قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» \add مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ\add* ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، \add يەنى خۇدا\add* بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ».\x + \xo 9:27 \xt يەش. 28‏:15، 18؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4\x* \b \b \m \c 10 \s1 تىگرىس، يەنى «دىجلە» دەرياسى بويىدا كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈش \m \v 1 قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.\f □ \fr 10:1 \ft \+bd «لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر»\+bd* ــ ياكى «لېكىن ناھايىتى قاتتىق سىناشلار توغرىسىدىدۇر».\f* \m \v 2 ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. \f □ \fr 10:2 \ft \+bd «تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تولۇق ئۈچ ھەپتە... ماتەم قىلدىم» ــ بۇ مەلۇم بىر ئۆلگۈچى ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆلۈك روھىي ھالىتىگە بولغان ماتەم، ئەلۋەتتە.\f* \v 3 ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم. \f □ \fr 10:3 \ft \+bd «تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈمنى مەسىھ قىلمىدىم».\f* \v 4 بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، \x + \xo 10:4 \xt يار. 2‏:14\x* \v 5 بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. \x + \xo 10:5 \xt ۋەھ. 1‏:13، 14، 15\x* \v 6 ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى. \m \v 7 غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى. \v 8 ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى. \f □ \fr 10:8 \ft \+bd «چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...» ياكى «چىرايلىقلىقىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...».\f*  \x + \xo 10:8 \xt دان. 7‏:28\x* \m \v 9 لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم. \v 10 مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. \v 11 شۇ زات ماڭا: \m ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: \m ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. \f □ \fr 10:12 \ft \+bd «... سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە... كۆڭۈل قويغان»\+bd* ــ بۇ يەردىكى «چۈشىنىش» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن «يېرۇسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلىنىڭ ۋاقتى 70 يىل» توشاي دېگەن ۋاقىتتا دانىيال دۇئا قىلىشقا باشلىدى. دانىيالنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى شۇكى، 70 يىلنىڭ توشۇشى بىلەن، خۇدانىڭ سەلتەنىتى دەرھال پەيدا بولسۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن 7-، 8- ۋە 9-بابتىكى غايىبانە ئالامەتلەر ئۇنىڭغا، ئاز دېگەندىمۇ يەنە 70 «يەتتە ۋاقىت»نىڭ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇ ئىشلار ئۇنىڭ دېگىنىدەك: «دانىيالنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى». شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، بۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىكى «كېچىكتۈرۈش»نى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويىدۇ. 10-بابتىكى غايىبانە ئالامەتتە بولسا، بۇ ۋاقىتنىڭ يەنىلا ھەم ئۇزۇن ھەم جاپالىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇ غەيرەتلىك، ماغدۇرلۇق بولۇشى كېرەك.\f* \v 13 لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. \f □ \fr 10:13 \ft \+bd «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى»\+bd* ــ بەلكىم ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل جىن بولۇپ، پارس رايونلىرىدا شەيتاننىڭ پىلانلىرىنى بەجا قىلغۇچى بولۇشى مۇمكىن. \+bd «پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا..»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر مۇشۇ پەرىشتىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ شۇ پادىشاھلارنىڭ قىلماقچى بولغان يامانلىقىنى توسۇش ياكى بولمىسا، ئۇلارغا ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. مەن ئۇنى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالدۇردۇم». \fp \+bd «باش ئەمىرلەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك پەرىشتىلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك («يەھ.» 9-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 14 مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر». \b \m \v 15 ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم. \v 16 مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: \m ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. \v 17 تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم. \m \v 18 ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى \v 19 ۋە: \m ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى. \m ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: \m ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم. \m \v 20 ئۇ مۇنداق دېدى: \m ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ. \v 21 لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. \m بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.\f □ \fr 10:21 \ft \+bd «ھەقىقەتنىڭ كىتابى»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدىكى «ھەقىقەتنىڭ كىتابى» دانىيال پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىن ئىلگىرى بارلىق نازىل قىلىنغان تەۋرات قىسىملىرىدىن تەركىب تاپقان، ئەلۋەتتە. \+bd «سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىل»\+bd* ــ بۇ سۆز مىكائىل باش پەرىشتىنىڭ ئىسرائىلغا ئالايىتەن مەسئۇل بولغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ.\f* \b \b \m \c 11 \m \v 1 مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم. \v 2 ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ \b \m بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ.\f □ \fr 11:2 \ft \+bd «بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ...»\+bd* ــ بۇ 11-بابتىكى بېشارەتلەر ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. بىز مۇشۇ يەردە تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق كۆپ ئىزاھات بەرمىدۇق، بۇلارنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە كىرگۈزدۇق. كىتابخانلارنىڭ ئۆزلىرى «ئوتتۇرا شەرق»نىڭ تارىخى توغرۇلۇق ھەرقانداق كىتابتىن بۇ بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئاساسەن بۇ ئالدىن ئېيتىلغان ئىشلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 530-164-يىللار داۋامىدا يۈز بەرگەن. لېكىن 36-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلەر ئاخىرقى زاماندىكى ئىشلارغىچە ئۆتىدۇ.\f* \m \v 3 ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. \f □ \fr 11:3 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ»\+bd* ــ بۇ پادىشاھ «بۈيۈك ئىسكەندەر»، گرېتسىيەنىڭ بىرىنچى ئىمپېراتورى.\f* \v 4 لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. \m \v 5 ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ. \f □ \fr 11:5 \ft \+bd «ئۇنىڭدىكى سەردارلار»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭدىكى ئەمىرلىرى». \+bd «ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەتتىكى «جەنۇبىي پادىشاھ»لار شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ)، بىرىنچىسى «پىتولىمى سوتېر» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 323-285-يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن.\f* \v 6 بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، \add جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ\add* بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇلار ئىتتىپاق تۈزىدۇ» دېيىلىدۇ. \fp بۇ بېشارەتتىكى «شىمالىي پادىشاھ» شۈبھىسىزكى تارىختا سۇرىيە دېگەن رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن. بىرىنچى «شىمالىي پادىشاھ» بولسا سىليۇقۇس نىكاتور (سىليۇقۇس I) بولۇپ، ئەسلىدە مىسىر پادىشاھى «پىتولىمى سوتېر»نىڭ چوڭ گېنېرالى ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 312-280 يىللاردا تەختكە ئولتۇرغان. \+bd «بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ قىز بىلىكىنىڭ كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ». \+bd «ئۇنىڭ بالىسى ھەم ...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ تۇغقىنى...». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇنى تۇغدۇرغۇچى ھەم...» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 7 ھالبۇكى، ئۇنىڭ \add ئاتا جەمەت\add* تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ \add پادىشاھ بولۇپ\add*، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ. \f □ \fr 11:7 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى». \+bd «... پادىشاھ بولۇپ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئۇنىڭ ( يەنى جەنۇبىي پادىشاھنىڭ) ئورنىغا تۇرۇپ،...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «...بىرى، قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... بىرى، ئۇ بولسا ئۇنىڭ (شىمالىي پادىشاھنىڭ) قوشۇنىغا قارشى چىقىپ،...» \fp \f* \v 8 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. \f □ \fr 11:8 \ft \+bd «قۇيما مەبۇدلىرى»\+bd* ــ ياكى «ئەمىرلىرى». \+bd «بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش...»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنىڭكى ئالتۇن-كۈمۈش...».\f* \v 9 شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ.\f □ \fr 11:9 \ft \+bd «جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 10 شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ،...»\+bd* ــ ياكى «ئۇ قايتىپ، ئاندىن جەڭ قىلىپ،..».\f* \v 11 جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. \m \v 12 شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. \v 13 چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ. \v 14 ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. \add ئى دانىيال ــ \add* سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. \v 15 شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ. \v 16 شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ. \f □ \fr 11:16 \ft \+bd «گۈزەل زېمىن»\+bd* ــ قانائان زېمىنى، يەنى پەلەستىن. \+bd «ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ھالاكىتى ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ».\f* \v 17 \add شىمالىي پادىشاھ\add* بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ \add مىسىرغا\add* يول ئالىدۇ؛ ئۇ \add مىسىر\add* بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق \add مىسىرنىڭ\add* ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى \add مىسىر\add* پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن \add قىزى\add* ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ.\f □ \fr 11:17 \ft \+bd «...كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ»\+bd* ــ «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نىڭ مىسىر ئىكەنلىكى 8-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ. \+bd «ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە دۇرۇس ئادەملەر بىللە بارىدۇ؛ ئۇ ئۆز بېكىتكىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». \+bd «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى چىرىتىش ئۈچۈن...».\f* \m \v 18 كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. \f □ \fr 11:18 \ft \+bd «نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ»\+bd* ــ ياكى «نۇرغۇن يۇرتلارنى ئىگىلەيدۇ».\f* \v 19 ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. \f □ \fr 11:19 \ft \+bd «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا نىشان قىلىپ دىققەت قىلىدۇ».\f* \v 20 كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ».\f □ \fr 11:20 \ft \+bd «پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى»\+bd* ــ بۇ يەردە «ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمە قىلغاندا، «پادىشاھلىقنىڭ شان-شەرىپىنى بېزەش ئۈچۈن بىر زۇلۇم سالغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.\f* \b \m \s1 پەرىشتە چۈشەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ــ ئەشەددىي شىمالىي پادىشاھ \m \v 21 ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. \v 22 زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «\add خۇدانىڭ\add* ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ. \f □ \fr 11:22 \ft \+bd «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «باش كاھىن»نى كۆرسىتىدۇ. ئونىياس ئىسىملىك كىشى، باش كاھىن ۋە بەك ئادىل كىشى بولۇپ، سۇرىيەنىڭ «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس» دېگەن پادىشاھى تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 172-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.\f* \v 23 شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ. \m \v 24 ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ. \v 25 ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. \v 26 چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 11:26 \ft \+bd «ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر»\+bd* ــ دېمەك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى.\f* \m \v 27 كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. \f □ \fr 11:27 \ft \+bd «بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 28 \add شىمالىي پادىشاھ\add* نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. \m \v 29 بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن بۇ قېتىمقى ئاخىرقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ». \fp بۇ بېشارەت (تەرجىمىمىز بويىچە) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 30 چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە \add خۇدانىڭ\add* ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. \f □ \fr 11:30 \ft \+bd «كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر»\+bd* ــ «كىتتىم» ھازىرقى «سېپرۇس» دېگەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئارال. بۇ بېشارەت شۈبھىسىزكى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 168-يىلى، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كېمىلىرى كىتتىم ئارىلىدىن چىقىپ ئانتىئوقۇس ئېپىفانىسقا (مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا) ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 31 ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. \f □ \fr 11:31 \ft \+bd «قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا...»\+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا ۋە قورغان...». \+bd «كۈندىلىك قۇربانلىق»\+bd* ــ 11:8دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:31 \xt دان. 7‏:25؛ 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4\x* \v 32 ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. \v 33 خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. \v 34 يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ. \v 35 بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ.\f □ \fr 11:35 \ft \+bd «چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە، بېشارەت «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس»نىڭ دەۋرىدىن، ئاخىر زامانغا ئۆتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:35 \xt دان. 12‏:10\x* \m \v 36 شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. \x + \xo 11:36 \xt دان. 7‏:25؛ 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4؛ ۋەھ. 13‏:1-8\x* \v 37 بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. \f □ \fr 11:37 \ft \+bd «ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ»\+bd* ــ ياكى، «ئۇ ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھقىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ».\f* \v 38 بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ. \v 39 ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.\f □ \fr 11:39 \ft \+bd «... غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ»\+bd* ــ ياكى، «... غەيرىي ئىلاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ». يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى ئىگىلەپ، ئۇ بۇ ئىلاھقا چوقۇنۇشنى بەرپا قىلىدۇ». \+bd «ئىنئام سۈپىتىدە...»\+bd* ــ ياكى «مەلۇم بىر باھادا (سېتىۋېتىپ)،...».\f* \m \v 40 ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ. \v 41 ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. \f □ \fr 11:41 \ft \+bd «گۈزەل زېمىن»\+bd* ــ قانائاننى (پەلەستىننى) كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:41 \xt ۋەھ. 12‏:6\x* \v 42 شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. \v 43 ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ. \m \v 44 كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ \v 45 ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ».\f □ \fr 11:45 \ft \+bd «دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا»\+bd* ــ دېمەك، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا. \+bd «كۆركەم مۇقەددەس تاغ»\+bd* ــ يېرۇسالېم سېلىنغان «زىئون تېغى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «...دېڭىزلار ۋە مۇقەددەس تاغ ئارىسىدا...».\f* \b \b \m \c 12 \s1 قىيامەت كۈنى \m \v 1 ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. \f □ \fr 12:1 \ft \+bd «قېرىنداشلىرىڭ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىڭنىڭ بالىلىدى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر»\+bd* ــ «ئەمىر» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى «چوڭ پەرىشتە» مەنىسىدە. مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا يەرلەردىن شۇ خۇلاسىگە كېلىمىزكى، مىكائىل دېگەن پەرىشتە «باش پەرىشتە»دۇر («يەھ.» 9-ئايەت، «ۋەھ.» 7:12). \+bd «مەيدانغا چىقىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بىر تەرەپتە تۇرىدۇ». دېمەك، ئەسلىدە مىكائىل ئىسرائىل خەلقىگە مۇھاپىزەت بېرىدۇ. لېكىن ھازىر ئۇ مۇھاپىزەتچى رولىنى ۋاقىتلىق بىر ياققا قويىدۇ. \+bd «....ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ»\+bd* ــ بۇ بابتىكى ئۇلۇغ بېشارەتلەر توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:1 \xt مات. 24‏:21\x* \v 2 تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. \x + \xo 12:2 \xt يەش. 26‏:19؛ مات. 25‏:46؛ يـۇھ. 5‏:29؛ روس. 24‏:15\x* \v 3 ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ».\x + \xo 12:3 \xt پەند. 4‏:18؛ مات. 13‏:43\x* \m \v 4 ئۇ ماڭا يەنە: \m ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات»\+bd* ــ ياكى، «سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى يوشۇرۇپ قوي». \+bd «نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ»\+bd* ــ ياكى «نۇرغۇن كىشىلەر تەتقىق قىلىپ، بىلىم ئاشۇرۇلىدۇ». بۇ بېشارەت يەنە «ئام.» 12:8 بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:4 \xt ۋەھ. 5‏:1-5؛ 22‏:10\x* \v 5 مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. \v 6 ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن: \m ــ بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 12:6 \xt دان. 10‏:5\x* \m \v 7 ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: \m ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. \add خۇدانىڭ\add* مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 12:7 \ft \+bd «بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت» دېگىنى، يۇقىرىدا 25:7دىكى ئىزاھاتتا تەھلىل قىلغىنىمىز توغرا بولسا، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىلنى، توپ-توغرا 1260-كۈننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:7 \xt ۋەھ. 10‏:5، 6\x* \m \v 8 ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: \m ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم. \m \v 9 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: \m ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. \x + \xo 12:9 \xt ۋەھ. 5‏:1-5؛ 22‏:10\x* \v 10 نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ. \v 11 كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. \v 12 ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! \m \v 13 ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن».\f □ \fr 12:13 \ft \+bd «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا»\+bd* ــ مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان كۈنى.\f*