\id COL \h كولوسسىلىكلەرگە \toc1 كولوسسىلىكلەرگە \toc2 كولوسسىلىكلەرگە \toc3 كول. \mt1 كولوسسىلىكلەرگە \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس كولوسسى شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ \m \v 1‏-2 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي!\f □ \fr 1:1‏-2 \ft \+bd «خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «خۇدا ئاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن مېھىر-شەپقەت سىلەرگە بولغاي!» دەپ خاتىرىلەنگەن.\f*  \x + \xo 1:1‏-2 \xt رىم. 1‏:7؛ گال. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 3‏-4 بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛\f □ \fr 1:3‏-4 \ft \+bd «بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن... رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛»\+bd* ــ تولۇق ئىككى ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «رەب مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ ئېتىقاد ۋە مۇھەببىتىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىدتىن بارلىققا كەلگەن». ئەمما بىزنىڭچە ئۈمىد ئېتىقادتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئېتىقاد ئۈمىدتىن كېلىدۇ. بىزنىڭچە پاۋلۇس ئۇلارنىڭ كېلىدىغان بەختىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى شادلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:3‏-4 \xt ئ‍ەف. 1‏:15؛ فىل. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2؛ 2تېـس. 1‏:3. \x* \v 5 سىلەر ئىلگىرى بۇ ئۈمىد توغرىسىدا خۇش خەۋەردىكى ھەقىقەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغانسىلەر؛\x + \xo 1:5 \xt 1پېت. 1‏:4. \x* \v 6 بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛\x + \xo 1:6 \xt مار. 4‏:8؛ يـۇھ. 15‏:16. \x* \v 7 سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر؛ ئۇ ياردىمىزدە مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتچىسىدۇر؛\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر»\+bd* ــ «ئىشدىشىمىز» گرېك تىلىدا «(خۇدانىڭ) قۇللۇقىدىكى ئىشدىشىمىز» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئەپافراس كولوسسىدىن كەلگەن (12:4-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئۇ پاۋلۇس ۋە خىزمەتداشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پاۋلۇس تەكەللۇپ بىلەن ئۇنىڭ ياردىمىنى كولوسسىدىكى جامائەتنىڭ ياردىمى دەپ قارايدۇ. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇ سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەچتىسىدۇر» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:7 \xt كول. 4‏:12؛ فلم. 23. \x* \v 8 ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.\f* \m \v 9 بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن. \x + \xo 1:9 \xt 1كور. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:15. \x* \v 10 شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛ \x + \xo 1:10 \xt يار. 17‏:1؛ يـۇھ. 15‏:16؛ 1كور. 7‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:27؛ 1تېس. 2‏:12. \x* \v 11‏-12 بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. \v 13 ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى»\+bd* ــ «قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى» جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:13 \xt مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ ئ‍ەف. 2‏:4؛ 1تېس. 2‏:12؛ 2پېت. 1‏:17. \x* \v 14 ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. \f □ \fr 1:14 \ft \+bd «ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق»\+bd* ــ «ئۇنىڭدا» مۇشۇ يەردە «مەسىھدە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:14 \xt روس. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:19. \x* \v 15 ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «تۇنجى» ئادەتتە «بىرىنچى بولۇپ تۇغۇلغان»نى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى تۆۋەندىكى 16-17-ئايەتتە كۆرۈلىدۇ؛ مەسىھ: (1) پۈتۈن ئالەم ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ (2) ۋە ئالەمنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن بولغان؛ (3) ئالەمگە ئوخشاش «يارىتىلغان» ئەمەس، بەلكى ئەسلى خۇدا ئاتىسى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولغان. بۇ 16-20-ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.\f*  \x + \xo 1:15 \xt 2كور. 4‏:4؛ فىل. 2‏:6؛ ئىبر. 1‏:3؛ ۋەھ. 3‏:14. \x* \v 16 چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. \x + \xo 1:16 \xt يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ ئىبر. 1‏:2. \x* \m \v 17 ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ \f □ \fr 1:17 \ft \+bd «ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا»\+bd* ــ «ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر» دېگەن سۆز ۋاقىت تەرىپىدىن ھەم ئۇلۇغلۇق-مۇھىملىق تەرىپىدىنمۇ ئېيتىلىدۇ.\f* \v 18 ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «تۇنجى» 15-ئايەتتىكى «تۇنجى»غا ئوخشاش سۆزدۇر؛ ئادەتتە «بىرىنچى بولۇپ تۇغۇلغان»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:18 \xt 1كور. 15‏:20؛ ئ‍ەف. 1‏:22؛ 4‏:15؛ 5‏:23؛ ۋەھ. 1‏:5. \x* \v 19 چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، ... (20)ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق ...ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە...»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق: «چۈنكى (خۇدانىڭ) بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرۇشقا لايىق كۆرگەن، (20) ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق ... ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە...».\f*  \x + \xo 1:19 \xt يـۇھ. 1‏:14،16؛ كول. 2‏:9. \x* \v 20 ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ــ ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛ \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ كرېستىدىكى قان ئارقىلىق».\f*  \x + \xo 1:20 \xt يەش. 9‏:6؛ يـۇھ. 16‏:33؛ روس. 10‏:36؛ رىم. 5‏:1؛ 2كور. 5‏:18؛ ئ‍ەف. 2‏:14؛ 1يۇھ. 4‏:10. \x* \v 21‏-22 ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان \f □ \fr 1:21‏-22 \ft \+bd «...سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان...»\+bd* ــ «ئۇنىڭ ئەتلىك تېنى» مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.\f*  \x + \xo 1:21‏-22 \xt لۇقا 1‏:75؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 5‏:27؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 2‏:12. \x* \v 23 (ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم.\f □ \fr 1:23 \ft \+bd «ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ئادەملەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ شەرتىنى ئەمەس، بەلكى ئادەملەردە نىجاتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ ئاددىي ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:23 \xt يـۇھ. 15‏:6. \x* \m \v 24 ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ \f □ \fr 1:24 \ft \+bd «ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن»\+bd* ــ بىز بۇ سىرلىق بايان ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 1:24 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ 2كور. 7‏:4؛ ئ‍ەف. 3‏:13؛ 4‏:12؛ 5‏:23؛ فىل. 2‏:17؛ 2تىم. 2‏:10. \x* \v 25 مەن \add جامائەت\add* ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛ \f □ \fr 1:25 \ft \+bd «مەن جامائەت ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن»\+bd* ــ ياكى «مەن سۆز-كالامىنى تولۇق جاكارلاش ئۈچۈن» ياكى «مەن سۆز-كالامىنى ھەممىگە جاكارلاش ئۈچۈن». بىزنىڭچە پاۋلۇسنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئۆزىنىڭ (ۋە باشقىلارنىڭ) «ئىنجىلدىكى سىر»نى جاكارلىشى بىلەن جامائەتنىڭ سانى تولۇق بولۇپ، جامائەت خۇدانىڭ تولۇق ۋەھىيىسىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:25 \xt رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ 2تىم. 1‏:10؛ تىت. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:20. \x* \v 26 بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ \x + \xo 1:26 \xt مات. 13‏:11. \x* \v 27 چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. \f □ \fr 1:27 \ft \+bd «چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى»\+bd* ــ «ئەللەر» بولسا «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:27 \xt 2كور. 2‏:14؛ 1تىم. 1‏:1. \x* \v 28 بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز. \v 29 مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى بويىچە كۈرەش قىلىپ جاپا تارتىمەن؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى دەرۋەقە تولىمۇ زوردۇر.\f □ \fr 1:29 \ft \+bd «مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى بويىچە كۈرەش قىلىپ جاپا تارتىمەن؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى دەرۋەقە تولىمۇ زوردۇر»\+bd* ــ «كۈرەش» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «ئاگون» دېيىلىدۇ. «ئاگون» توغرۇلۇق «فىلىپپىيلىقلارغا»دىكى قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 2 \m \v 1 چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيەدىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «شۇنىڭدەك ئەتنىڭ جەھەتىدە يۈزۇمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن...». شۈبھىسىزكى، روسۇل جامائەتتە روھ جەھەتىدىن بىر-بىرىمىزنى تونۇشىمىز مۇمكىن، دېمەكچى.\f* \v 2 كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ «كۈرىشىم» روھىي جەھەتتىن، دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك جىن-شەيتانلار بىلەن قارىشىلىشتىكى كۈرەش، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:2 \xt يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22؛ يـۇھ. 17‏:3؛ فىل. 3‏:8. \x* \v 3 چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر.\x + \xo 2:3 \xt 1كور. 1‏:24. \x* \m \v 4 مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛\x + \xo 2:4 \xt ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18. \x* \v 5 چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھگە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن.\x + \xo 2:5 \xt 1كور. 5‏:3؛ 14‏:40. \x* \v 6 مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار، \v 7 سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛\x + \xo 2:7 \xt 1كور. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 3‏:17. \x* \v 8 ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار»\+bd* ــ «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» دېگەن مۇھىم ئىبارە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:8 \xt رىم. 16‏:17؛ ئىبر. 13‏:9. \x* \v 9 چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ \v 10 ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛ \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر»\+bd* ــ «سىلەر ئۇنىڭدا ... مۇكەممەلدۇرسىلەر» دېگەن مۇھىم ئىبارە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp «بارلىق ھۆكۈمدارلار... ھەم ھوقۇقدارلار» ــ ھەم ئاسماندىكى هەم زېمىندىكى بارلىق ھوقۇققا ئىگە بولغانلار.\f*  \x + \xo 2:10 \xt يـۇھ. 1‏:16. \x* \v 11 سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن \add گۇناھلىق\add* ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن (گۇناھلىق) ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى سۈننەت ئادەمنىڭ تېنىدە ئەمەس، بەلكى روھ-قەلبىدىدۇر، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، «ئەتلىك تەن» دېگەن ئىبارىدە «ئەت» دېگەن سۆز ئىنجىلدىكى ئالاھىدە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى ئىنسانىي گۇناھقا ئەسىر بولغان تەبىئەتنى كۆرسىتىدۇ. \fp «رىملىقلارغا»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp «مەسىھنىڭ سۈننىتى» «مەسىھنىڭ ئۆزى قىلىدىغان سۈننەت»، ياكى «مەسىھنىڭ ئۆلۈمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:11 \xt قان. 10‏:16؛ يەر. 4‏:4؛ رىم. 2‏:29؛ فىل. 3‏:3. \x* \v 12 ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «چۆمۈلدۈرۈلۈش» ئالدى بىلەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسەتكىنى بىلەن، ئۇ يەنە بەرىبىر «روھقا چۆمۈلدۈرۈلۈش»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. يەنە يۇقىرىقى «سۇننەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:12 \xt رىم. 6‏:4؛ گال. 3‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:19؛ 3‏:7. \x* \m \v 13 ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، \f □ \fr 2:13 \ft \+bd «ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ،...»\+bd* ــ «ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار» ئۇلارنىڭ ئەسلىدە (ھەممىمىز مەسىھسىز بولغان ۋاقتىمىزدىكىدەك) ئۆز «گۇناھلىق ئەت»ىمىزگە ئەسىر-قۇل بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:13 \xt ئ‍ەف. 2‏:1. \x* \v 14 بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ كرېستىگە مىخلاتقۇزدى».\f* \v 15 ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، \add كرېستتە\add* ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، كرېستتە ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ھۆكۈمدارلار ۋە ھوقۇقدارلار» بولسا جىن-شەيتانلار؛ مەسىھ ئۇلاردىن ئالغان ئولجا بولسا ئۆزىگە ئېتىقاد باغلىغان، ئەسلىدە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىدە تۇرغان بىزلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە! باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...ھۆكۈمدارلارنى... قورالسىز قىلىپ...».\f*  \x + \xo 2:15 \xt يار. 3‏:15؛ مات. 12‏:29؛ لۇقا 11‏:22؛ يـۇھ. 12‏:31؛ 16‏:11. \x* \m \v 16 ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ \x + \xo 2:16 \xt لاۋ. 11‏:2؛ 23‏:2؛ رىم. 14‏:2؛ گال. 4‏:10. \x* \v 17 بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!»\+bd* ــ «جىسمى» ــ دېمەك، «كۆلەڭگۈنى يەرگە تاشلىغان جىسىم». بۇ مۇھىم ئايەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt ئىبر. 8‏:5؛ 10‏:1. \x* \m \v 18 ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر \add گۇناھلىق\add* ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛ \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھېچكىمنىڭ.... ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار...». «دەۋەت قىلىپ» دېگەن ئىبارە «بۇ ىىشلاردىن سۆيۈنۈپ» دېگەن مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «مۇشۇنداق كىشىلەر گۇناھلىق ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن...»\+bd* ــ دېمەك، ئوي-پىكىرلىرى مۇقەددەس روھتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز گۇناھلىق ئەتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغاندۇر. \+bd «كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر»\+bd* ــ بەزى كونا تېكىستتىكى كۆچۈرمىلەردە «كۆرمىگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە «كۆرگەن» دەپ ئوقۇش توغرىدۇر؛ بۇ كىشىلەر كۆرگەن «كۆرۈنۈشلەر» ئۆزىنىڭ خام خىياللىرىدىن چىققان، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:18 \xt يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \v 19 ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا.\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر. لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا»\+bd* ــ «باش» بولسا مەسىھدۇر. مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان جامائەتنىڭ بېشىدۇر. «تەن» ــ جامائەت.\f* \m \v 20‏-21 ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر\f □ \fr 2:20‏-21 \ft \+bd «ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار...»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 2:20‏-21 \xt گال. 4‏:9. \x* \v 22 (بۇنداق \add بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى\add* نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ \f □ \fr 2:22 \ft \+bd «بۇنداق بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك «تۇتما، تېتىما، تەگمە» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدا ئالدىدا ئەڭ مۇھىم ئىش بولغان ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئەمەس، بەلكى يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.\f*  \x + \xo 2:22 \xt يەش. 29‏:13؛ مات. 15‏:9؛ تىت. 1‏:14. \x* \v 23 ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە \add بۇنداق دانالىقنىڭ\add* پايدىسى يوقتۇر ــ ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس.\x + \xo 2:23 \xt 1تىم. 4‏:8؛ 5‏:23. \x* \b \b \m \c 3 \s1 «يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار» \m \v 1 سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ.\x + \xo 3:1 \xt ئ‍ەف. 1‏:20. \x* \v 2 كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ \v 3 چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ.\x + \xo 3:3 \xt رىم. 6‏:2؛ 8‏:24؛ 2كور. 5‏:7. \x* \v 4 ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:4 \xt فىل. 3‏:21؛ 1يۇھ. 3‏:2. \x* \m \v 5 شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «يەرگە تەۋە بولغان ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلار...»\+bd* ــ ئەسلى گرېك تىلىدا «يەرگە تەۋە بولغان ئەزالىرىڭلار...». «يەرگە تەۋە» دېگەننىڭ مەنىسى «بۇ رەزىل دۇنياغا تەۋە» دېگەنلىكتۇر.\f*  \x + \xo 3:5 \xt رىم. 7‏:5، 23؛ ئ‍ەف. 4‏:22؛ 5‏:3، 5؛ 1تېس. 4‏:5. \x* \v 6 چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ»\+bd* ــ «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى، ئىتائەتسىز ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» بولسا خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئايلىنىدۇ (5-، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:6 \xt 1كور. 6‏:10؛ گال. 5‏:19؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15. \x* \v 7 سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر.\x + \xo 3:7 \xt 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:1؛ تىت. 3‏:3. \x* \m \v 8 ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار.\x + \xo 3:8 \xt ئ‍ەف. 4‏:22؛ ئىبر. 12‏:1؛ ياق. 1‏:21؛ 1پېت. 2‏:1. \x* \v 9 بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، \x + \xo 3:9 \xt ئ‍ەف. 4‏:25. \x* \v 10 ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛ \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا»\+bd* ــ «كونا ئادەم» (9-ئايەت) ئادەمئاتىدىن مىراس قىلىنغان گۇناھكار ھاياتنى كۆرسىتىدۇ؛ «يېڭى ئادەم» بولسا مەسىھدە بولغان يېڭى ھاياتنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:10 \xt يار. 1‏:26؛ 5‏:1؛ 9‏:6؛ رىم. 6‏:4؛ 1كور. 11‏:7. \x* \v 11 ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، ... مەۋجۇت ئەمەستۇر»\+bd* ــ «يات مەدەنىيەتلىك» ــ گرېك تىلىدا «ساقاللىق» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى گرېكلار ئادەتتە ساقال قويمايتتى. بۇ سۆز ئادەتتە گرېك ياكى لاتىن تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلارنى كۆرسىتەتتى؛ ئادەتتە گرېكلار ۋە لاتىنلار ئۇنداق كىشىلەرنى كەمسىتىپ «ساقاللىق» دېگەن سۆزنى «ياۋايى ئادەملەر» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتەتتى. \+bd «... يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر»\+bd* ــ «سكىتلار» ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى.\f*  \x + \xo 3:11 \xt 1كور. 7‏:21،22؛ 12‏:13؛ گال. 3‏:28؛ 5‏:6؛ 6‏:15. \x* \m \v 12 شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق ... كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ «يۇۋاشلىق ئىمان-ئىشەنچ بىلەن» دېگەندەك ئالاھىدە مەنىسى باردۇر. مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرى ياكى ئىمتىيازلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا ئىمان بىلەن توغرا ماڭغان بولسا، خۇدا مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزىگە كاپالەت قىلغان دەپ خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:12 \xt ئ‍ەف. 4‏:32؛ 6‏:11؛ 1تېس. 1‏:4. \x* \v 13 بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. \x + \xo 3:13 \xt مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ ئ‍ەف. 4‏:32. \x* \v 14 مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «... كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار»\+bd* ــ ياكى «... كامىل رىشتە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار».\f*  \x + \xo 3:14 \xt يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ 5‏:2؛ كول. 2‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. \x* \v 15 مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار.\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن»\+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 16 مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛ \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «... چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار»\+bd* ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ («1كور.» 15:14نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \v 17 ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار.\x + \xo 3:17 \xt ئ‍ەف. 5‏:20؛ 1تېس. 5‏:18. \x* \b \m \s1 ئائىلىدىكىلەرگە بولغان جېكىلەشلەر \m \v 18 سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ \x + \xo 3:18 \xt يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1. \x* \v 19 سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار.\x + \xo 3:19 \xt ئ‍ەف. 5‏:25. \x* \m \v 20 سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر.\x + \xo 3:20 \xt ئ‍ەف. 6‏:1. \x* \m \v 21 سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ. \m \v 22 سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار.\f □ \fr 3:22 \ft \+bd «سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار»\+bd* ــ «ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلار» دېگىنى، يەنە «سىلەرنىڭ ئەرشتە بولغان خوجايىنىڭلارمۇ بار» دەپ پۇرىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:22 \xt ئ‍ەف. 6‏:5؛ 1تىم. 6‏:1؛ تىت. 2‏:9؛ 1پېت. 2‏:18. \x* \m \v 23 نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛ \v 24 چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر. \v 25 ئەمما كىم ھەققانىيسىزلىق قىلسا قىلغان ھەققانىيسىزلىقى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ؛ بۇ ئىشتا ھېچقانداق يۈز-خاتىرە قىلىنىش يوقتۇر. \b \b \m \c 4 \m \v 1 سىلەر خوجايىنلار، قۇللىلىرىڭلارغا ئادىل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى ئەرشتە ئۆز خوجايىنىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر.\x + \xo 4:1 \xt ئ‍ەف. 6‏:9. \x* \m \v 2 دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛\x + \xo 4:2 \xt لۇقا 18‏:1؛ رىم. 12‏:12؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ 1تېس. 5‏:17. \x* \v 3 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛\x + \xo 4:3 \xt ئ‍ەف. 6‏:19؛ 2تېـس. 3‏:1. \x* \v 4 شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، سىرنى ئاشكارىلىشىمغا \add دۇئا قىلىڭلار\add*. \m \v 5 سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار»\+bd* ــ «سىرتتىكىلەر» ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرتىدا تۇرغانلار، تېخى ئېتىقاد قىلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار»\+bd* ــ «پۇرسەتلەر» بولسا «سىرتتىكىلەر»گە ياخشىلىق كۆرسىتىش، خۇدانىڭ سۆزىنى ئېيتىش، مەسىھگە گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق پۇرسەتلەر.\f*  \x + \xo 4:5 \xt ئ‍ەف. 5‏:15، 16. \x* \v 6 سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر»\+bd* ــ «تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن» دېگەن جېكىلەش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 4:6 \xt مار. 9‏:50. \x* \b \m \v 7 سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس سىلەرگە مەن توغرۇلۇق ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس»\+bd* ــ «ئىشداش» گرېك تىلىدا «(خۇدانىڭ) قۇللۇقىدىكى ئىشداش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 4:7 \xt روس. 20‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:21؛ 2تىم. 4‏:12. \x* \v 8 مەن ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا كۆڭلۈڭلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىشى ئۈچۈندۇر. \v 9 مەن ئۆزى سىلەردىن بولغان، سادىق ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ئونېسىمۇسنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتتىم؛ ئۇلار سىلەرگە مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ.\x + \xo 4:9 \xt فلم. 10. \x* \m \v 10 تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛ \x + \xo 4:10 \xt روس. 15‏:37؛ 27‏:2؛ 2تىم. 4‏:11. \x* \v 11 يۇستۇس دەپ ئاتالغان يەشۇئامۇ سالام يوللايدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان.\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان»\+bd* ــ «سۈننەت قىلىنغانلار» ــ يەھۇدىيلار. دېماس ۋە لۇقا (14-ئايەتتە) «يات ئەللەر»دىن ئىدى.\f* \m \v 12 سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ. \x + \xo 4:12 \xt كول. 1‏:7؛ فلم. 23. \x* \v 13 چۈنكى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھچىمەنكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ.\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «...ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ»\+bd* ــ بۇ «جاپا تارتىش» بولسا دۇئالىرىدا. تېكىستتىكى باشقا بىر كونا كۆچۈرمىدە: «... ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خىراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ قىزغىنلىقى باردۇر» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 14 سۆيۈملۈك تېۋىپ بولغان لۇقادىن سىلەرگە سالام، دېماستىنمۇ شۇنداق.\x + \xo 4:14 \xt 2تىم. 4‏:10،11\x* \m \v 15 لائودىكىئادىكى قېرىنداشلارغا بىزدىن سالام، نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار.\f □ \fr 4:15 \ft \+bd «نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار»\+bd* ــ نىمفا بىر ئايالنىڭ ئىسمى ئىدى. تېكىستتىكى بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «نىمفاس» (ئەرنىڭ ئىسمى) دېيىلىدۇ.\f* \m \v 16 بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار؛ \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەت» ئەسلى پاۋلۇسنىڭ «ئەفەسۇسلۇقلارغا» يازغان خېتىدۇر. «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 17 ۋە ئاركىپپۇسقا: «سەن رەبدە تاپشۇرۇۋالغان خىزمىتىڭگە، تولۇق ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن» ــ دەڭلار. \m \v 18 مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام. مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت بولغاي!\f □ \fr 4:18 \ft \+bd «مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام»\+bd* ــ دېمەك، خەتنىڭ باشقا يەرلىرى كاتىپلىق قىلغان قېرىندىشىنىڭ قولىدا يېزىلغان. پاۋلۇسنىڭ كۆزلىرى ئاجىز بولۇشى مۇمكىن («2كور.» 6:12-10، «گال.» 15:4). \+bd «مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار»\+bd* ــ دېمەك، دۇئا-تىلاۋەتلىرىڭلاردا ئەسلەڭلار.\f*  \x + \xo 4:18 \xt 2تېـس. 3‏:17؛ ئىبر. 13‏:3. \x*