\id AMO \h ئاموس \toc1 ئاموس \toc2 ئاموس \toc3 ئام. \mt1 ئاموس \c 1 \s1 ئاموس پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىرى \m \v 1 ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ \f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى»\+bd* ــ ئادەتتە بۇ كىتابتا «ئىسرائىل» ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ئاموس يەھۇدانىڭ تەكوئا يېزىسىدىن بولغىنى بىلەن يەتكۈزىدىغان بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر.\f*  \x + \xo 1:1 \xt زەك. 14‏:5\x* \m \v 2 ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، \m يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ \m پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، \m كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ»\+bd* ــ بۇ بېشارەت يەر تەۋرەشنى كۆرسەتسە كېرەك. \fp «كارمەل» بولسا ئىسرائىلدا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي؛ ئۇ «غازاڭلاشقان» بولسا، باشقا جايلار تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى.\f*  \x + \xo 1:2 \xt يەر. 25‏:30؛ يو. 3‏:16\x* \b \m \s1 خۇدانىڭ ئىسرائىلغا قوشنا قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈمى •••• سۇرىيە ھەققىدە \m \v 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئۇلار (سۇرىيەلىكلەر) گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى»\+bd* ــ «2پاد.» 32:10-33، 3:13-5-ئايەتتە گىلېئادتىكىلەرنىڭ سۇرىيە تەرىپىدىن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى خاتىرىلەنگەن؛ مۇشۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغىنى شۇ بوزەك قىلىنىشنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 4 شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ھازائەل»\+bd* ــ دەمەشق پادىشاھى بولۇپ، «بەن-ھاداد» ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى.\f* \m \v 5 دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن، \m ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ \m سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەزىللىك جىلغىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ دېمەك، يەنى دەمەشق پادىشاھىنى ئىپادىلەيدۇ. \+bd «سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ»\+bd* ــ «كىر» مېسوپوتامىيە (ھازىرقى ئىراق)دىكى بىر يۇرت. سۇرىيەلىكلەر ئەسلىدە شۇ جايدىن چىققانىدى (7:9-ئايەتنى كۆرۈڭ).\+bd «ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەزىللىك جىلغىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ دېمەك، يەنى دەمەشق پادىشاھىنى ئىپادىلەيدۇ.\f*  \x + \xo 1:5 \xt 2پاد. 16‏:9؛ يەش. 17‏:1-11؛ يەر. 49‏:23-27\x* \b \m \s1 فىلىستىيە ھەققىدە \m \v 6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى»\+bd* ــ «تۇتقۇنلار» ئىسرائىلدىن ياكى يەھۇدادىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كېرەك. قارىغاندا گازانىڭ (يەنى فىلىستىيلەرنىڭ) مەقسىتى ئىسرائىللاردىن ئۆچ ئېلىش ئىدى.\f*  \x + \xo 1:6 \xt 2تار. 21‏:16، 17؛ 28‏:18\x* \m \v 7 ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ \m \v 8 مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، \m ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛ \m فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. \b \m \s1 تۇر شەھىرى ھەققىدە \m \v 9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، \m شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى»\+bd* ــ بۇ «تۇتقۇنلار» بەلكىم يەنە ئىسرائىلدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. «ئەھدە» ــ سۇلايمان پادىشاھ ئەسلى تۇرنىڭ پادىشاھى بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. بىراق تۇتقۇنلارنىڭ نەدىن كېلىشى، تۇرنىڭ كىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس؛ مۇھىمى، خۇدا ئۇلارنى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقتەك ۋىجدانسىزلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ.\f* \m \v 10 ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. \b \m \s1 ئېدوم ھەققىدە \m \v 11 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، \m قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ \m ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، \m دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ غەزەپ بىلەن ھەمىشە ئادەملەرنى يىرتىۋېتىپ،...».\f* \m \v 12 ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ». \b \m \s1 ئاممونىيلار ھەققىدە \m \v 13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى.\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى»\+bd* ــ ئۇلار گىلېئادتا تۇرۇۋاتقان باشقىلارنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئەلۋەتتە. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئاجايىب رەھىمسىزلىكنىڭ مەقسىتى، ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرگۈدەك ھېچ ئادەم، ھەتتا بوۋاقلارنىڭمۇ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى رابباھ شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.\f* \m \v 14 ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن، \m جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە، \m قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە، \m ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ \m \v 15 ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ، \m ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 2 \s1 موئاب ھەققىدە \m \v 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: \m ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى. \m \v 2 ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ \m ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ. \m \v 3 ۋە مەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىنى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، \m ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \m \s1 يەھۇدا ھەققىدە \m \v 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى كەمسىتتى، \m ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىدى؛ \m ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانىدى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى»\+bd* ــ «ساختىلىقلىرى» كېيىنكى گەپلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ھەم مەن يەھۇدا ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، \m ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. \b \m \s1 ئىسرائىل ھەققىدە \m \v 6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنى جازاسىدىن قايتۇرمايمەن، \m چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى كۈمۈشكە سېتىۋەتتى، \m يوقسۇل ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋەتتى؛ \m \v 7 ئۇلار نامراتلارنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توپىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، \m ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ نېسىۋىسىنى قايرىۋالىدۇ؛ \m ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىش پاھىشىۋازلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بۇتىغا، يەنى «بائال»غا بىرخىل چوقۇنۇش پائالىيىتى ھېسابلىناتتى.\f* \m \v 8 ئۇلار \add قىزلارنى\add* ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، \m قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ \m ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «ئۇلار قىزلارنى ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە»\+bd* ــ بۇ جۈملىدە ئاموس ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ بايلارنىڭ تۆت گۇناھىنى كۆرسىتىدۇ: ــ \fp (1) ئۇلارنىڭ (بۇتلارغا ئاتاپ بېغىشلىغان) كۆپ قۇربانلىقلىرى بار ئىدى؛ (2) ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە قەرزدار بولغان نامراتلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى تارتىۋالىدۇ («مىس.» 26:22، «قان.» 12:24-17-نى كۆرۈڭ)؛ (3) ئۇلار بۇتخانىلارنى سېلىپ، بۇتلارنى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئېتىراپ قىلغان؛ (4) ئۇلار ھارام يولدا خەقتىن جەرىمانە ئالىدۇ ــ ئۇ گۇناھلار بەلكىم 6-ئايەتتە ئېيتىلغان «ئۈچ گۇناھى، تۆت گۇناھى»نى ئېنىق تولۇقلاپ كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.\f* \m \v 9 بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، \m ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، \m مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم.\x + \xo 2:9 \xt چۆل. 21‏:24؛ قان. 2‏:31؛ يە. 24‏:8\x* \m \v 10 ھەم ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، \m سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، \m قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىدىم.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «سىلەرنى ... قىرىق يىل ... يېتەكلىدىم»\+bd* ــ «مىسىردىن چىقىش» ۋە «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» بويىچە ئۇلار چۆل-باياۋاندا كۆپ قېتىم خۇداغا ئىتائەتسىزلىك، ئاسىيلىقمۇ قىلغان. خۇدانىڭ شۇ كۈنلەردە ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەنلىكى ئۇنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ئىنتايىن زور ئىسپات بەردى ۋە بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 2:10 \xt مىس. 12‏:51\x* \m \v 11 سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر بولۇشقا، \m يىگىتلىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى «نازارىي» بولۇشقا تۇرغۇزدۇم. \m شۇنداق ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «نازارىي»\+bd* ــ بۇ ئادەملەر ئالاھىدە يول بىلەن (جۈملىدىن شاراب ئىچمەي، چاچلىرىنى چۈشۈرمەي) ۋاقىتلىق ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزىنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى خەقلەرگە باقىي دۇنيانى ئەسلىتىپ تۇراتتى («چۆل.» 6-بابنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 12 بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، \m ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» ــ دەپ بۇيرۇدۇڭلار.\x + \xo 2:12 \xt ئام. 7‏:12، 13\x* \m \v 13 مانا، مەن سىلەرنى باسىمەن، \m خۇددى لىق ئۆنچە بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ تۇرىمەن؛ \m \v 14 ھەم چاپقۇرلارنىڭمۇ قاچار يولى يوقايدۇ، \m پالۋان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، \m زەبەردەس باتۇر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. \m \v 15 ئوقيانى تۇتقۇچى تىك تۇرالمايدۇ؛ \m يەلتاپان قاچالمايدۇ، \m ئاتقا مىنگۈچى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. \m \v 16 پالۋانلار ئارىسىدىكى ئەڭ جىگەرلىك باتۇرمۇ شۇ كۈنىدە يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 3 \s1 ھەربىر ئىشنىڭ سەۋەبى باردۇر \m \v 1 پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز-كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى، \m يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت: ــ \m \v 2 «يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ \m شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ \add جازاسىنى\add* چۈشۈرىمەن».\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە جاۋابكارلىقىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.\f* \b \m \s1 خىتاب ھەم مۇھاكىمە \m \v 3 ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟ \m \v 4 ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ \m ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟»\+bd* ــ شىرلار ئىككى ئەھۋالدا ھۆركىرەيدۇ. (1) نىشان قىلغان ئوۋنى قورقىتىپ قوزۇقتەك قاتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن؛ (2) ئوۋ-ئولجىنى ئالغاندىن كېيىن باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا: «بۇ مېنىڭكى، ئۇنىڭغا چېقىلما» دەپ ئاگاھلاندۈرۈش ئۈچۈن. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە بەلكىم بىرىنچى مۇمكىنچىلىكنى بىلدۈرىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ). ھېچبولمىغاندا ئىسرائىلغا «ئاخىرقى دەقىقە»، يەنى توۋا قىلىشقا ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت كەلدى؛ توۋا قىلمىساڭلار پەرۋەردىگار شىردەك سىلەرنى ئۆز ئوۋى قىلىدۇ، دېگەنلىك بولسا كېرەك.\f* \m \v 5 تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟ \m ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟ \m \v 6 شەھەردە \add ئاگاھ\add* كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ \m پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟\x + \xo 3:6 \xt يەش. 45‏:7؛ يىغ. 3‏:37، 38\x* \m \v 7 رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، \m ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت خۇدانىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە ئىپادىلىسەك: ــ «رەب پەرۋەردىگار قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدا، ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئالدى بىلەن بېشارەت بەرمەي قالمايدۇ».\f* \m \v 8 شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ \m رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم \add ئۇنىڭ\add* بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم ئۇنىڭ بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟»\+bd* ــ بۇ جۈملىگە قارىغاندا «شىر» تېخى ئوۋنى تۇتمىغان ئوخشايدۇ ــ توۋا قىلىشقا ئازراقلا ۋاقىت قالدى (4-ئايەتنى قايتا كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 خۇدا ئىسرائىلنى قورشايدىغان دۈشمەن بولۇپ قالدى •••• «ئۇ بۇرۇلۇپلا ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولدى» {9:3-16:4} \m \v 9 ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا، \m شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ \m «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، \m ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، \m ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا ... ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم ئۇنى ئاڭلىغان سامارىيەدىكى ھۆكۈمدارلارغا ھەم بايلارغا بەك ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. خۇدا قانداقمۇ ئاشدودتىكى «بۇتپەرەس، كاپىر» فىلىستىيلەرنى (ھەم مىسىرلىقلارنى) مۇشۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلغان جەبىر-زۇلۇملىرىنى كۆرۈشكە، يۇرتنىڭ كۆتۈرگەن داد-پەريادلىرىنى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلسۇن؟ \fp «قىيقاس-سۈرەنلەر» بولسا ئىككى بىسلىق سۆز ــ (1) يۇرتنىڭ داد-پەريادلىرىنى؛ (2) قورشىۋالغان دۈشمەنلەردىن قورقۇش تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن قىيقاس-سۈرەنلەرنى بىلدۈرىدۇ (11-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 10 ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار!\f □ \fr 3:10 \ft \+bd «ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار!»\+bd* ــ بۇ بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ: ــ (1) ھۆكۇمدارلار خەقلەرنى بوزەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئولجا توپلىغان؛ (2) ئۇلار شۇنداق قىلغانلىقىدىن، بۇ بۇلىۋالغان ھارام ئولجىسى ئاخىرىدا ئۆز بېشىغا دۈشمەنلەرنىڭ زۇلۇملىرى، بۇلاڭچىلىقلىرى بولۇپ چۈشىدۇ.\f* \m \v 11 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى! \m ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ، \m قەلئە-ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. \m \v 12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك، \m سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، \m ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، \m دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ!\f □ \fr 3:12 \ft \+bd «سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىلىرى ھەرخىل، بىراق ئومۇمىي مەنىسى بىر-بىرىگە يېقىن كېلىدۇ. سامارىيەدىكىلەرنىڭ ئوڭدا يېتىپ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىدا ئىشلەتكەن بۇيۇملىرىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قېلىپ قالىدۇ.\f* \m \v 13 ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار، \m ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار،...»\+bd* ــ بۇ خۇدانىڭ ھېلىقى تېخىچە «بۇتپەرەس، كاپىر» بولغان ئاشدودتىكىلەرگە قىلغان سۆزى.\f* \m \v 14 ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە، \m بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ \m قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ.\f □ \fr 3:14 \ft \+bd «بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ»\+bd* ــ بېشارەتتىن 150 يىل ئىلگىرى «يەروبوئام I»، ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ تۇنجى پادىشاھى بەيت-ئەل شەھىرىدە بىر كالىسىمان بۇتنى ياساپ، ئۇنى «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى (قۇربانگاھ) ياسىغان. ئاموسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا بۇ قۇربانگاھنىڭ يېنىغا خېلى كۆپ قۇربانگاھلار قوشۇپ سېلىنغان. قۇربانگاھنىڭ ھەر تۆت بۇرجىكىگە بىر مۈڭگۈز بېكىتىلگەن.\f* \m \v 15 مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛ \m پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، \m كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 3:15 \ft \+bd «مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن»\+bd* ــ «قىشلىق ساراي»، «يازلىق ساراي» پادىشاھ دەم ئالىدىغان جايلار بولسا كېرەك. «كۆپلىگەن ئۆيلەر» ــ قارىغاندا كۆپلىگەن ئادەملەر كەمبەغەل بولۇپ ماكانسىز قالغان. شۇ ۋاقىتلاردا، بايلار كۆپ ئۆيلەرنى سالغان.\f* \b \b \m \c 4 \s1 سامارىيەدىكى ئاياللارغا ۋە پۈتكۈل ئاھالىگە بولغان ئاگاھلار \m \v 1 ئى باشاندىكى ئىنەكلەر، \m سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، \m خوجىلىرىغا: «\add شارابنى\add* ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار، \m بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ \f □ \fr 4:1 \ft \+bd «باشاندىكى ئىنەكلەر»\+bd* ــ بۇ «ئىنەكلەر» سامارىيەدىكى بايلارنىڭ قىز-ئاياللىرىنى كۆرسىتىدۇ. باشان بولسا سېمىز، ساغلام كالىلىرى بىلەن داڭقى چىققان رايون.\f* \m \v 2 رەب پەرۋەردىگار ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، \m مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، \m ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، \m نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ سامارىيە خەلقى ئاخىرىدا ئاسۇرىيە پادىشاھىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ئەسىرلەرنىڭ كالپۇكلىرىدىن ئىلمەكنى ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان رەھىمسىز ئادىتى بار ئىدى.\f* \m \v 3 ھەم سىلەر \add ئاياللار\add* ھەربىرىڭلار سېپىلنىڭ شورالىرىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ، \m ئۇدۇل مېڭىپ تىكىۋېتىسىلەر؛ \m ۋە سىلەر ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ۋە ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر»\+bd* ــ «ھارمون» بىزگە ھازىر نامەلۇم بىر شەھەر.\f* \b \m \v 4 ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! \m گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار! \m ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى، \m ھەر ئۈچىنچى كۈنى سىلەرنىڭ «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار،\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار!»\+bd* ــ بېيت-ئەل ۋە گىلگال (شۇنداقلا شىمالىي تەرەپتە «دان» شەھىرى، جەنۇبىي تەرەپتە بەئەر-شېبا شەھىرى) خەلقلەر كۆپ زىيارەت قىلىدىغان بۇت تاۋاپگاھى ئىدى.\f*  \x + \xo 4:4 \xt ھوش. 12‏:12\x* \m \v 5 «تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار ــ \m سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ \m چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd ««تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار»\+bd* ــ قۇربانلىقلارنى خېمىرتۇرۇچ سالغان نەرسىلەر بىلەن بىللە سۇنۇشقا قەتئىي بولمايتتى («لاۋ.» 11:2). \+bd «سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار!»\+bd* ــ 4- ھەم 5-ئايەتتە ئېيتىلغان قۇربانلىقلار ھەمدە ھەر كىشىنىڭ كىرىمىدىن «ئوندىن بىرى»نى ھەر ئۈچ يىلدا خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىشى، ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا بېكىتىلگەنىدى. بىراق ئىسرائىللار ھازىر بۇلارنى ئۆز بۇتلىرىغا ئاتاپ بېغىشلاۋاتىدۇ. ئەسلى خېمىرتۇرۇچ سېلىپ قىلىنغان ئاش ھەدىيەلەرنى قۇربانلىقلارغا قوشۇپ سۇنۇش مەنئى قىلىنغانىدى. \fp بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا ئۇلار مۇشۇ پائالىيەتلەردە ئۆزلىرىنى خېلى «تەقۋادار» كۆرسەتمەكچى بولۇپ، «ئىختىيارىي قۇربانلىق»لارنى كۆپ قىلغان ئوخشايدۇ.\f*  \x + \xo 4:5 \xt لاۋ. 2‏:1، 15؛ 7‏:13\x* \m \v 6 «مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم، \m ھەممە يېرىڭلاردا سىلەرنى ئاش-نانغا بولغان ھاجەتمەن قىلدىم؛ \m بىراق سىلەر يەنىلا يېنىمغا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم»\+bd* ــ دېمەك ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق.\f* \m \v 7 ھوسۇلغا ئۈچ ئايلا قالغان بولسىمۇ، سىلەردىن يامغۇرنى تارتىۋېلىپ بەرمىدىم؛ \m بىر شەھەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇردۇم، \m يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم؛ \m بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى؛ \m يەنە بىر پارچە يەر يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى؛ \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن ئىككى، ئۈچ شەھەرنىڭ \add پۇقرالىرى\add* سۇ تىلەپ باشقا بىر شەھەرگە ئەلەڭشىپ باردى، \m لېكىن قانمىدى؛ \m بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ \m \v 9 مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم؛ \m «غاجىلىغۇچى قۇرت»لار نۇرغۇنلىغان بېغىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ھەم زەيتۈن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى؛ \m بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 4:9 \ft \+bd «مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم»\+bd* ــ «ھال ئاپىتى» زىرائەتلەرنىڭ بىرخىل كېسىلى.\f*  \x + \xo 4:9 \xt قان. 28‏:22؛ يو. 1‏:4\x* \m \v 10 مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛ \m يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم، \m ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛ \m مەن قارارگاھىڭلاردىن \add جەسەتلەرنىڭ\add* سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم، \m ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم، \m بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن (ئەسلى) مىسىرغا چۈشۈرگەن ۋابا كېسىلىنى ئەۋەتتىم» (دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە مىسىرغا چۈشكەن ۋابالارنى بېشىڭلارغىمۇ چۈزۈردۇم) \+bd «ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى (دېمەك، يىگىتلىرىڭلارنى) سىلەر بۇلىۋالغان ئاتلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرگۈزدۇم».\f* \m \v 11 مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم، \m شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛ \m بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم»\+bd* ــ «\+bd مەن\+bd* ... بەزىلەرنى \+bd خۇدا\+bd* ... ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم» ــ بۇ يەردە سۆز قىلىۋاتقان كىم؟ بىزنىڭچە مۇشۇ بېشارەتنى مەسىھ ئۆزى بەرگەن بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 4:11 \xt يار. 19‏:24\x* \m \v 12 شۇڭا مەن ساڭا شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەۋاتىمەن، ئى ئىسرائىل؛ \m مەن بۇنى ساڭا قىلىدىغانلىقىم تۈپەيلىدىن، \m خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان، ئى ئىسرائىل!\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان!»\+bd* ــ گەرچە بەلكىم ۋاقىت-پەيتى شۇنچە كېچىككىنى بىلەن، خۇدا يەنىلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ، يەنىلا (بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ) ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشكە تەييار تۇرىدۇ، دېگەنلىك بولسا كېرەك، دەپ قارايمىز (تەۋراتتا ئادەتتە: «خۇدا بىلەن كۆرۈشۈش» دېگەن مەنىدە). \fp بىراق بەزى ئالىملار بۇ جۈملىنى خۇدانىڭ پات ئارىدا چۈشۈرىدىغان جازاسىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.\f* \m \v 13 چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى، \m شامالنى ياراتقۇچى، \m ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى، \m تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى، \m يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر، \m پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر!\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىنسانغا ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى...» دېيىلىدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنسانغا ئۆزىنىڭ (خۇدانىڭ) ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى...». \fp بىراق بىز «ئۇنىڭ ئوي-پىكرى» دېگەنلىك خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. \fp \+bd «تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى»\+bd* ــ ياكى «قاراڭغۇلۇقنى تاڭ سەھەر قىلغۇچى».\f*  \x + \xo 4:13 \xt ناھ. 1‏:3\x* \b \b \m \c 5 \s1 ئۈچ تاۋاپگاھ توغرۇلۇق \m \v 1 ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى، \m يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي: ــ \m \v 2 «پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛ \m ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛ \m ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان، \m ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر». \m \v 3 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m \add ئىسرائىلنىڭ\add* مىڭ \add لەشكەر\add* چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز \add لەشكىرىلا\add* تىرىك قالىدۇ؛ \m يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون \add لەشكىرىلا\add* تىرىك قالىدۇ؛ \m \v 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ \m مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ \m \v 5 بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، \m گىلگالغىمۇ بارماڭلار، \m بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛ \m چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ، \m بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار»\+bd* ــ بەيت-ئەل، گىلگال ھەم بەئەر-شېبا ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۈچ تاۋابگاھقا ئايلانغانىدى. بۇ ئۈچ جايغا بېرىپ قۇربانلىق قىلىش قاتارلىقلار «تاۋاپ قىلىش»تەك «ساۋابلىق ئىش» دەپ قارالغان. بۇ ئۈچ جاي ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يەشۇئا قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جايلاردۇر. تەۋراتتا، بۇنداق «تاۋاب قىلىش» ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى خوراپىليلىق دەپ قارىلىدۇ. \fp ئاموس بۇ يەردە سۆز ئويۇنى قىلىدۇ، «گىلگال ئەسىرگە چۈشىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئىبرانىي تىلىدا «گىلگال گالاھ-گالاھ» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ» دېگەننىڭ «بەيت-ئەل «يوق» (يوققا باراۋەر بولغان) بىر بۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ» دېگەن ئىچكى مەنىسى بار.\f*  \x + \xo 5:5 \xt ئام. 4‏:4\x* \m \v 6 پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ \m بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ، \m ھەم بەيت-ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ. \m \v 7 ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى، \m ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار،\f □ \fr 5:7 \ft \+bd «ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى»\+bd* ــ «ئەمەن» دېگەن ئاچچىق بىر ئۆسۈملۈك بولغاچقا، مۇشۇ يەردە ئادەملەرگە قايغۇ-ھەسرەتنى ئېپكېلىدىغان ئادالەتسىزلىكنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 8 سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى، \m ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، \m كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى، \m دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛ \m پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.\x + \xo 5:8 \xt ئايۇپ 9‏:9؛ 38‏:31؛ ئام. 9‏:6\x* \m \v 9 ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ، \m ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. \m \v 10 شۇ \add ئىسرائىللار\add* شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ، \m دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ.\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «شۇ ئىسرائىللار شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ،...»\+bd* ــ «شەھەر دەرۋازىسى» شەھەردىكى ئاقساقاللار ئولتۇرىدىغان، ئەرز-دەۋالارنى ئاڭلايدىغان، سوراق قىلىدىغان جاي.\f* \m \v 11 ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ، \m ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار! \m ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار، \m بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛ \m سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر، \m بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەمدى سىلەر نامراتلارنى دەسسەپ،...». \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نامراتلاردىن ئېغىر ئىجارە ھەققى ئېلىپ،...».\f*  \x + \xo 5:11 \xt زەف. 1‏:13\x* \m \v 12 چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، \m سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ \m ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، \m ئۇلار پارا يەيدۇ، \m شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ. \m \v 13 شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ \m چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر.\f □ \fr 5:13 \ft \+bd ««پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ «پەملىك ئادەم» بەلكىم «ئۆز بىخەتەرلىكى ياكى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرىدىغان ئادەم» دېگەن مەنىدە. يۇقىرىقى 10-، 12-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئاموس پەيغەمبەرنىڭ «ئېپى يوق» ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇ ئوپئوچۇق ھالدا رەزىل ھۆكۈمدارلارغا، بايلارغا تەنبىھ بەرمەكتە.\f* \b \m \v 14 ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛ \m شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك، \m ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. \m \v 15 يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، \m شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ \m شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر.\f □ \fr 5:15 \ft \+bd «... خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر»\+bd* ــ «يۈسۈپنىڭ قالدىسى» شىمالىي پادىشاھلىق بولغان «ئىسرائىل»دىن قالدۇرۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپتىن تۆرۈلگەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھدىن ئىسرائىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قەبىلىلەر چىققان.\f*  \x + \xo 5:15 \xt زەب. 34‏:14-15؛ 97‏:10؛ رىم. 12‏:9\x* \m \v 16 شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «بارلىق كەڭ رەستە-بازارلاردا ئاھ-زارلار ئاڭلىنىدۇ؛ \m ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛ \m ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا، \m ئاھ-زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ. \m \v 17 ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ \m چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.\f □ \fr 5:17 \ft \+bd «مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن»\+bd* ــ «مىس.» 12:12دە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا «مەن مىسىرنى كېزىپ ئۆتىمەن» دەپ مىسىرلىقلارغا ئۆلۈم جازاسىنى يۈرگۈزگەنلىكىگە ئوخشاش، ئۇ ھازىر \+bd ئۆز خەلقى\+bd* ئارىسىدىن «ئۆتۈپ كېتىپ»، ئۆز جازاسىنى ئېلىپ بارىدۇ.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى \m \v 18 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي! \m پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟ \m ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.\f □ \fr 5:18 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي!»\+bd* ــ ئاموس دەۋرىدىكىلەر تەۋراتتىكى «ئوبادىيا» ھەم «يوئېل» پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى خاتا چۈشىنىپ، بەلكىم «خۇدا ھەممە «كاپىر ئەجنەبىي» ئەللەرنى قاتتىق ئۇرىدۇ، «خۇدانىڭ خەلقى بولغان بىزلەر» كۆتۈرۈلىمىز» دېگەن ئىرقچى، بىمەنە كۆز-قاراشتا بولغانىدى. ئاموس بۇ كۈن بولسا، گۇناھتىن توۋا قىلمىغان ھەربىر ئادەمگە جازا ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدۇ.\f*  \x + \xo 5:18 \xt يەر. 30‏:7؛ يو. 2‏:2؛ زەف. 1‏:15\x* \m \v 19 ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ، \m ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە، \m يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ! \m \v 20 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ \m ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟! \b \m \s1 بىھۇدە ھېيت-بايراملار \m \v 21 ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم، \m ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق.\x + \xo 5:21 \xt يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20\x* \m \v 22 چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ، \m مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ \m سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن. \m \v 23 مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار، \m چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛ \m \v 24 بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك، \m ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن! \m \v 25 سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!\f □ \fr 5:25 \ft \+bd «سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە چۆل-باياۋاندا بولغان دەۋردە، ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا قۇربانلىقلارنى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،‭ ‬لېكىن بۇ ئايەتتىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۇلار بۇ قۇربانلىقلارنى \+bd خۇدا ئۈچۈن\+bd* ئاتىغان ئەمەس («ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟»)؛ بۇ ئىشلار پەقەتلا بىر «دىنىي پائالىيەت» يۇسۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان، خالاس.\f*  \x + \xo 5:25 \xt روس. 7‏:42\x* \m \v 26 بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!\f □ \fr 5:26 \ft \+bd «بەرھەق، سىلەر ... «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!»\+bd* ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ تەرجىمىلىرى كۆپ خىل. بىراق ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش، ئىسرائىل مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ كۆڭلىدىكى بۇتپەرەسلىكنى ھېچ تاشلىمىغان. ئايەتتە ئېيتىلغان بۇتلار ئاساسەن مېسوپوتامىيە، يەنى بابىل رايونىدىكى بۇتلاردۇر. شۇڭا خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى (27-ئايەت) ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلدۇرۇپ، شۇ يەرگە سۈرگۈن قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.\f* \m \v 27 ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن، \m ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار. \b \b \m \c 6 \s1 ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-ھۆكۈمدارلىرىغا ۋاي! \m \v 1 ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار! \m ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى! \m ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ \m ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!\x + \xo 6:1 \xt مىس. 19‏:5؛ يەر. 2‏:3\x* \m \v 2 \add سىلەر خەلققە\add*: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛ \m شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار، \m ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛ \m بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ \m ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ \add دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر\add*.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟»\+bd* ــ «ئىككى پادىشاھلىق» ــ بىرىنچىسى شىمالىي پادىشاھلىق ــ ئىسرائىل، پايتەختى سامارىيە؛ ئىككىنچىسى جەنۇبىي پادىشالىق ــ يەھۇدا، پايتەختى يېرۇسالېم. \fp «سىلەر خەلققە:... ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدىكى تېكىستتە يوق. بۇ ئايەتتە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار: ــ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئاموس ئېيتقانمۇ ياكى سامارىيەدىكى ئەمىرلەر سامارىيەنىڭ بىخەتەرلىكى توغرۇلۇق ماختىنىپ ئېيتقانمۇ؟ بىزنىڭچە سامارىيەدىكى ئەمىرلەر ئېيتقان بولۇشى كېرەك؛ چۈنكى ئەگەر پەيغەمبەر ئاگاھلاندۇرۇش تەرىزىدە سورىغان بولسا، سوئالنىڭ ئەكسىچە سورىغان بولاتتى، ــ يەنى «بۇ شەھەرلەر سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئاجىزمۇ؟» دەپ سورىغان بولاتتى. شۇڭا بۇ سۆزلەرنى قوشتۇق. بۇ ئۈچ شەھەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ، ئاندىن غۇلىغان بولسا كېرەك ــ بىراق ھازىرغىچە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق تارىخىي خاتىرىلەر يوق.\f* \m \v 3 ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار! \m سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر،\x + \xo 6:3 \xt ئ‍ەز. 12‏:27؛ ئام. 5‏:18\x* \m \v 4 پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر، \m دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر، \m پادا توپىدىن پاخلانلارنى، \m كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر، \m \v 5 چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، \m داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر،\x + \xo 6:5 \xt يەش. 5‏:12\x* \m \v 6 شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، \m ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، \m ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ!\x + \xo 6:6 \xt يەش. 5‏:11،12\x* \m \v 7 شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ \m كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ.\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ»\+bd* ــ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مەلۇم بىر يۇرتقا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئاۋۋال شۇ يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ ئېپكېتىش ئادىتى بار ئىدى.\f*  \x + \xo 6:7 \xt يەش. 5‏:13\x* \m \v 8 رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى، \m ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم، \m ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛ \m مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛ \m \v 9 ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، \m بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ.\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ»\+bd* ــ 3:5نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 10 ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: \m ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، \m ئاندىن \add تۇغقىنى\add* يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ.\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسى...». \fp \+bd «... جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن تۇغقىنى يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ ئادەتتە يەھۇدىي خەلقى جەسەتلەرنى كۆمىدۇ، «جەسەتنى كۆيدۈرۈش»نى ئۆچ كۆرىدۇ. «جەسىتىنى كۈيدۈرۈش» دېگەن ئىش ئۇلارنىڭ بېشىغا ناھايىتى ئېغىر ئاپەت چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جەسەتلەرنى كۆمۈشكە قەتئىي ۋاقتى چىقمايدۇ، دېمەكچى. شۇڭا بۇ بېشارەت سامارىيەنىڭ ناھايىتى جىددى، بېچارە ئەھۋالغا چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەسەت ئۆيدە ئۇزۇنغىچە تۇرغان ــ ھازىر پەقەت «ئۇستىخانلار»لا قالغان. ھايات قالغان كىشىلەر شۇنداق قورقىدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئېيتىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. \fp قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئۇزۇندىن تارتىپ، بولۇپمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ۋەيران قىلىنىشىدىن كېيىن، يەھۇدىيلار «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار) دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدۇ.\f* \m \v 11 سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، \m ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، \m كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ.\f □ \fr 6:11 \ft \+bd «پەرۋەردىگار... چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ»\+bd* ــ ھاكىم-ھۆكۈمدارلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ گۇناھلىرى ھامان باشقىلارنى ئۆز گۇناھلىرىغا چېتىلدۇرۇپ قويىدۇ؛ شۇ ۋەجىدىن «كىچىك ئۆيلەر»مۇ جازاغا ئۇچراپ كېتىدۇ.\f* \m \v 12 ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ \m ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟ \m بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا، \m ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ \f □ \fr 6:12 \ft \+bd «... ئادالەتنى ئۆت سۈيىگە، ھەققانىيلىقنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى 5-باب، 7-ئايەتنىڭ مەنىسىگە ئوخشاشتۇر.\f*  \x + \xo 6:12 \xt ئام. 5‏:7\x* \m \v 13 ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، \m «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر.\f □ \fr 6:13 \ft \+bd «يوق بىر نەرسە»\+bd* ــ بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \fp پۈتكۈل ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ««لو-دەبار شەھىرىنى ئېلىپ شادلانغانىدۇق، كارنائىم شەھىرىنىمۇ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئالدۇققۇ؟» ــ دېگەنسىلەر».\f* \v 14 چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى، \m ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، \m ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛ \m ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ.\f □ \fr 6:14 \ft \+bd «مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن»\+bd* ــ «بىر ئەل» ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 7 \s1 ئاموسنىڭ دۇئالىرى ــ خۇدانىڭ قارارى \m \v 1 رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتىكى ــ \m كېيىنكى ئوت-چۆپ باش تارتقان ۋاقتىدا، مانا ئۇ چېكەتكىلەرنى ياسىدى (بۇ پادىشاھ ئۆزىگە ئوت-چۆپ ئورغاندىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق ئوت-چۆپ ئۆسكەن ۋاقىت ئىدى) \f □ \fr 7:1 \ft \+bd «رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتىكى ــ كېيىنكى ئوت-چۆپ باش تارتقان ۋاقتىدا، مانا ئۇ چېكەتكىلەرنى ياسىدى...»\+bd* ــ بۇ ئىشنى (شۇنداقلا -4، 7- ۋە 1:8-ئايەتتىكى ئىشلارنىمۇ) ئاموس بېشارەتلىك غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرگەن بولسا كېرەك. چۈنكى 3-، 6-ئايەتتە پەرۋەردىگار «بۇنداق ئىشتىن» يانىدۇ.\f* \v 2 ھەم شۇنداق بولدىكى، چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئوت-چۆپنى قالدۇرماي يەۋەتكەندىن كېيىن، مەن: ــ \m «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچۈرگەيسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم. \m \v 3 پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى پەرۋەردىگار. \m \v 4 رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتى ــ \m مانا، رەب پەرۋەردىگار \add خەلقى\add* بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئوتنى چاقىردى؛ \m ئوت ھەتتا چوڭقۇر دېڭىزنىمۇ قۇرۇتتى، \m مىراس بولغان زېمىننىمۇ يەپ كەتتى؛ \m \v 5 ئەمدى مەن: ــ \m «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، توختىغايسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم. \m \v 6 پەرۋەردىگار شۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى رەب پەرۋەردىگار. \b \m \v 7 ئەمدى ئۇ ماڭا \add مۇنداق بىر ئىشنى\add* كۆرسەتتى ــ \m ۋە مانا، رەب تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن قوپۇرۇلغان تام تۈۋىدە، \m قولىدا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تۇتقىنىچە تۇراتتى؛ \v 8 ۋە پەرۋەردىگار مەندىن: ــ \m «ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟» دەپ سورىدى. \m مەن: «تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى» ــ دېدىم. \m رەب: «مەن يەنە ئۆز خەلقىم ئىسرائىل ئوتتۇرىسىغا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تىكلەيمەن؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن؛ \m \v 9 ھەم ئىسھاقنىڭ «يۇقىرى جايلىرى» ھالاك بولىدۇ، \m ئىسرائىلنىڭ تاۋاپگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ \m يەرەبوئام جەمەتىگە قىلىچ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئورنۇمدىن تۇرىمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 7:9 \ft \+bd «ئىسھاقنىڭ «يۇقىرى جايلىرى» ھالاك بولىدۇ»\+bd* ــ «يۇقىرى جايلار» تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلاردا خۇداغا قۇربانلىق قىلىش ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا مەنئى قىلىنغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىل ھەم يەھۇدادىكىلەر خېلى بۇرۇنلا تاغ چوققىلىرى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىغانىدى. كېيىن ئۇلار مۇشۇ «يۇقىرى جايلار»دا بۇتقا چوقۇنۇشقا باشلىدى.\f* \b \m \s1 ئاموسنىڭ بۇتپەرەسلەرنىڭ تاۋاپگاھى بولۇپ قالغان بەيت-ئەلنىڭ كاھىنى، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق» ئىسرائىلنىڭ «باش كاھىنى» ئامازىيا بىلەن بولغان كۈرىشى \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن بەيت-ئەلدىكى كاھىن ئامازىيا ئىسرائىل پادىشاھى يەرەبوئامغا خەۋەر يوللاپ: ــ \m «ئاموس ئىسرائىل جەمەتى ئارىسىدا تۇرۇپمۇ سىلىگە سۇيىقەست قىلدى؛ زېمىن ئۇنىڭ قىلغان بارلىق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. \v 11 چۈنكى ئاموس: ــ «يەرەبوئام قىلىچتا ئۆلىدۇ، ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ!» ــ دەيدۇ» ــ دېدى.\f □ \fr 7:11 \ft \+bd «چۈنكى ئاموس: ــ «يەرەبوئام قىلىچتا ئۆلىدۇ، ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ!» ــ دەيدۇ»\+bd* ــ ئەمەلىيەتتە ئاموس: ــ «پەرۋەردىگار يەرەبوئامنىڭ \+bd جەمەتىگە\+bd* قىلىچ بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ» ــ دېگەنىدى (9-ئايەت).\f* \m \v 12 ئاندىن ئامازىيا ئاموسقا: ــ ھەي ئالدىن كۆرگۈچى! بەس، يوقال، يەھۇدا زېمىنىغا قاچ، ئاشۇ يەردە بېشارەت بېرىپ، شۇ يەردە نان تېپىپ يە! \v 13 بىراق بەيت-ئەلدە يەنە بېشارەت بەرمە؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى، شاھلىق ئۆيدۇر، ــ دېدى.\f □ \fr 7:13 \ft \+bd «بەيت-ئەلدە يەنە بېشارەت بەرمە؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى»\+bd* ــ «پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى» ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 14 ئاموس ئامازىياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ \m «مەن ئەسلى پەيغەمبەر ئەمەس ئىدىم، ياكى پەيغەمبەرنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەسمەن؛ بەلكى مەن بىر چارۋىچى، شۇنداقلا ئېرەن دەرەخلىرىنىڭ مېۋىسىنى تەرگۈچى ئىدىم. \v 15 بىراق پادا بېقىۋاتقان چېغىمدا پەرۋەردىگار مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە ماڭا: «بارغىن، خەلقىم ئىسرائىلغا بېشارەت بەر» ــ دېدى. \v 16 ئەمدى، ئى ئامازىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال! سەن ماڭا: «ئىسرائىلنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەتلەرنى بەرمە، ئىسھاق جەمەتىنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتما»، دېدىڭ.\x + \xo 7:16 \xt ئ‍ەز. 21‏:7\x* \v 17 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \m «سېنىڭ ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ ۋە زېمىنىڭ ئۆلچەش تانىسى تارتىلىشى بىلەن پارچىلىنىدۇ؛ سەن ناپاك بىر زېمىندا ئۆلىسەن؛ ۋە ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ»». \b \b \m \c 8 \s1 كېلىدىغان جازالار \m \v 1 رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە.\f □ \fr 8:1 \ft \+bd «رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە»\+bd* ــ بۇ ئىشنى (ھەم 7-باب، 4-، 7-ئايەتتىكى ئىشلارنىمۇ) ئاموس بېشارەتلىك غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 2 ئاندىن ئۇ مەندىن: ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟ ــ دەپ سورىدى. \m مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. \m پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd «مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى... ــ دېدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يازلىق مېۋە» بىلەن «زاۋال» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.\f* \m \v 3 ــ شۇ كۈنى ئوردىدىكى قىزلارنىڭ ناخشىلىرى قىيا-چىيالارغا ئايلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ــ جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!»\+bd* ــ دېمەك، شۇ چاغدا ماتەم تۇتقاندا، ئاۋاز چىقىرىشقا بولمايدۇ.\f* \m \v 4 بۇنى ئاڭلاڭلار، ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر، \m زېمىندىكى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوقاتماقچى بولغانلار ــ \f □ \fr 8:4 \ft \+bd «ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەي، مىسكىنلەرنى يۇتۇۋالغۇچىلار...».\f* \m \v 5 «ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، \m بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ دەيدىغانلار، \m ــ شۇنداقلا «ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ، \m ئالدامچىلىق ئۈچۈن تارازىنى يالغان قىلغانلار! \f □ \fr 8:5 \ft \+bd «ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟»\+bd* ــ «يېڭى ئاي» كۈنىدە ھەم «شابات كۈنى» (شەنبە كۈنى)دە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە دەم ئېلىش كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇ كىشىلەر ئاچكۆزلۈكتىن دەم ئېلىشقىمۇ نارازى ئىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇلار بۇغداينى ئۆلچەيدىغان كۈرىنى كىچىك، تەڭگىلەرنى جىڭلايدىغان تارازا تېشىنى چوڭ قىلىپ خەقلەرنى ئالدايدۇ (كېيىنكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). \+bd ««ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ،..»\+bd* ــ «ئەفاھ» ھەجىم بىرلىكى، «شەكەل» پۇلنىڭ ياكى ئېغىرلىقنىڭ بىرلىكى ئىدى. بىر «ئەفاھ» (ياكى «كۈرە») 40 لىترچە، بىر «شەكەل» («مىسقال») 14 گرام كېلىدۇ. بۇ تولۇق ئايەت سودىگەرلەرنىڭ ئاددىي پۇقرالارنى ئۆلچەم بىرلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، قاقاتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 8:5 \xt ھوش. 12‏:8\x* \m \v 6 ــ نامراتلارنى كۈمۈشكە، \m مىسكىن ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلار، \m بۇغداينى سۈپۈرۈندىسى بىلەن قوشۇپ ساتماقچى بولغانلار!\x + \xo 8:6 \xt ئام. 2‏:6\x* \m \v 7 پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى، \m ــ بەرھەق، مەن ھەرگىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايمەن!\f □ \fr 8:7 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى،...»\+bd* ــ بەزى ئالىملار: ««ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن» دېگەننى «ياقۇپنىڭ پەخرى بىلەن»، دېمەك «ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان خۇدا بىلەن» دەپ چۈشىنىدۇ. بىراق 6-باب، 8-ئايەت بويىچە خۇدا «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى» ياكى «ياقۇپنىڭ پەخرى»گە ئۆچ ئىدى. ئادەتتە قەسەم ئىچىشتە قەسەم قىلغۇچىلار ناھايىتى مۇقىم، ئۆزگەرمەس بىر نەرسە بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ خۇدانىڭ «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن» قەسەم ئىچىشى بولسا ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ، «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى»نىڭ ھېچ ئۆزگەرمەس، ناھايىتى جاھىل ئىكەنلىكىنى پۇرىتىدۇ.\f* \m \v 8 زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ \m ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ \m ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، \m ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.\f □ \fr 8:8 \ft \+bd «زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە ئاموس يەر تەۋرەش توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ (1:1نى كۆرۈڭ). نىل دەرياسى ھەر يىلى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، بىر مەزگىل كەلكۈن كېلىپ، زېمىننى بېسىپ كېتىدۇ. قانائان (پەلەستىن) زېمىنىمۇ ئەمدى نىل دەرياسىغا ئوخشاش «ئۆرلەپ كېتىدۇ» (يەر تەۋرەش بىلەن ئېگىز-پەس بولىدۇ).\f* \m \v 9 شۇ كۈنى شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، \m ــ قۇياشنى چۈشتە پاتقۇزىمەن، \m زېمىننى شۇ ئوچۇق كۈندە قاراڭغۇلاشتۇرىمەن. \m \v 10 ھېيتلىرىڭلارنى مۇسىبەتكە، \m ھەممە ناخشىلىرىڭلارنى ئاھ-زارلارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن؛ \m ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن، \m ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىدا تاقىرلىق پەيدا قىلىمەن؛ \m بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك، \m ھېيتنىڭ ئاخىرىنى دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن قىلىۋېتىمەن.\f □ \fr 8:10 \ft \+bd «ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن»\+bd* ــ «بۆز رەخت»كە ئورۇنىۋېلىش، چاچلارنى چۈشۈرىۋېتىش قاتتىق ماتەمنى ياكى توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك... قىلىۋېتىمەن»\+bd* ــ بېشارەتتە ئۆلگەن «يەككە-يېگانە ئوغۇل» زادى كىمدۇ؟ مەزكۇر سوئال ئىسرائىل ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە باشنى قاتۇرىدىغان مەسىلە.\f* \b \m \s1 سۈرگۈن بولۇپ، خۇدانىڭ سۆزىدىن ئايرىلىش \m \v 11 مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، \m زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، ــ \m ــ نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، \m ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ.\f □ \fr 8:12 \ft \+bd «كېزىپ ماڭىدۇ»\+bd* ــ ياكى «سەرسان بولۇپ ماڭىدۇ» ياكى «ئەلەڭشىپ ماڭىدۇ». \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ... تاپالمايدۇ»\+bd* ــ بىرىنچىدىن، «دېڭىزدىن دېڭىزغا» دېگەنلىك بەلكىم ««ئوتتۇرا دېڭىز»دىن «ئۆلۈك دېڭىز»غا»، يەنى «غەربتىن شەرققە» دەپ بىلدۈرىدۇ. تېكىستتە «جەنۇبقا» تىلغا ئېلىنمايدۇ. بەلكىم بۇ ئىسرائىلدىكىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ ــ ئۇلار يەھۇدادىن، ياكى يەھۇدادىن كەلگەن پەيغەمبەردىن (مەسىلەن، ئاموستىن) ھەقىقەتنى ئىزدىمەيدۇ. \fp تولۇق بېشارەت بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى، بولۇپمۇ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك ــ ئۇلار ئىنجىلنى، يەنى «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلمىغاچقا، ئۆزلىرى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ھېچ چۈشەنچە تاپالمايدۇ.\f* \m \v 13 شۇ كۈنى گۈزەل قىزلار ھەم يىگىتلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىدۇ؛ \m \v 14 ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ \add نامى\add* بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر، \m يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى \add ئىلاھىي\add* تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ \m ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ.\f □ \fr 8:14 \ft \+bd «سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر»\+bd* ــ «سامارىيەنىڭ گۇناھى» ئۇلارنىڭ بۇتلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. \fp \+bd «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول بىلەن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بەئەر-شېبادىكى يولنىڭ تىرىكلىكى بىلەن» دېيىلىدۇ. \fp \fp «داننىڭ ئىلاھى» ھەم «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول» ــ شۇ ئىككى يەرنىڭ بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «يول» ئىبرانىي تىلىدا «دەرەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەرىقە» ۋە «تەرىقەت» دېگەن سۆزلەر ئەرەب تىلى ئارقىلىق مۇشۇ سۆزدىن كەلگەن.\f*  \x + \xo 8:14 \xt ئام. 5‏:5\x* \b \b \m \c 9 \s1 ساختىپەزلىك ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ \m \v 1 مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ \m ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، \m ئۇلارنى \add ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ\add* باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار! \m مەن شۇ \add بۇتپەرەسلەر\add*دىن ئەڭ ئاخىردا قالغانلىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ \m ئۇلاردىن قاچاي دېگەنلەر قاچالمايدۇ، \m ئۇلاردىن قۇتۇلاي دېگەنلەر قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ.\f □ \fr 9:1 \ft \+bd «مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار!»\+bd* ــ بۇ ئىشلار، شۈبھىسىزكى، بەيت-ئەلدىكى (بۇتپەرەسلىك سورۇنى قىلىنغان، بىراق «پەرۋەردىگارنىڭ نامى» بىلەن ئاتالغان) ئىبادەتخانىدا بولىدۇ. مۇشۇ بۇيرۇق كىمگە بېرىلگەنلىكى ئېنىق دېيىلمىدى؛ بەلكىم پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلۇشى بەلكىم يەر تەۋرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 2 ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛ \m ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛\f □ \fr 9:2 \ft \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي.\f*  \x + \xo 9:2 \xt زەب. 139‏:8-12\x* \m \v 3 ئۇلار كارمەل چوققىسىغا مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەردىن ئالىمەن؛ \m ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، \m مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ؛\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 1:27نى كۆرۈڭ.\f* \m \v 4 دۈشمەنلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ، \m مەن شۇ يەردە قىلىچنى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ؛ \m مەن ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى يامانلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىمەن. \x + \xo 9:4 \xt يەر. 44‏:11\x* \m \v 5 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، \m زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛ \m ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ \m زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ \m مىسىرنىڭ دەرياسىدەك \add ئۆركەشلەپ\add*، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە يەر تەۋرەش توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت بېرىلىدۇ.\f* \m \v 6 راۋاقلىرىنى ئەرشلەرگە سېلىپ، ئاسمان گۈمبىزىنى يەر يۈزىگە بېكىتكۈچى شۇدۇر؛ \m دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر؛ \m پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.\x + \xo 9:6 \xt زەب. 104‏:3، 13؛ ئام. 5‏:8\x* \m \v 7 سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ \m مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ \m فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 9:7 \ft \+bd «سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «كرېت ئارىلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كافتور». \fp تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: ــ ئىسرائىللار «خۇدا بىزنى مىسىردىن ئالاھىدە چىقارغان» دېگەن ئويدا بولۇپ، «نېمىنى قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز يەنىلا خۇدانىڭ ئالاھىدە خەلقى بولىمىز، ھېچنېمە بىزگە تەگمەيدۇ» دېگەن خاتا ئويغا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك. خۇدا مۇشۇ يەردە، باشقا ئەللەرنى («كاپىر» ئەللەرنى) باشقا يەرلەردىن (جۈملىدىن مىسىردىن يىراق جايلاردىن)، ئېلىپ چىقاردىم، دەيدۇ. شۇڭا، مەلۇم بىر ئەل بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە يۆتكىلىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قالتىسلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. ئەلنىڭ يۇرتلىرىنى بېكىتكۈچى بولسا پەقەت خۇدا ئۆزىدۇر.\f* \m \v 8 قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ \m مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛ \m لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. \m \v 9 چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، \m شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، \m بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. \f □ \fr 9:9 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ»\+bd* ــ بۇغداي دانلىرى غەلۋىردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، تاشلار قالىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، خۇدا قىممىتى بار بولغان بارلىق بۇغداي دانلىرىنى (ھەقىقىي ئېتىقادچىلارنى) يىغىپ ساقلايدۇ (10-ئايەتنى كۆرۈڭ). سۈزۈلۈپ قالغانلىرى (تاشلار) تاشلىۋېتىلىدۇ.\f* \v 10 \add ھالبۇكى\add*، خەلقىمنىڭ بارلىق گۇناھكارلىرى، يەنى: «كۈلپەت بىزگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ» دېگۈچىلەر قىلىچ تېگىدە ئۆلىدۇ. \b \m \s1 ئادەمنى ھەيرانۇھەس قىلىدىغان ۋەدە ــ ئاخىرقى زامانلار \m \v 11 شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن، \m ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛ \m ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ، \m ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن.\f □ \fr 9:11 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ يىقىلىپ چۈشكەن كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن»\+bd* ــ بۇ بېشارەت: (1) داۋۇت پەيغەمبەردىن بولغان پادىشاھلىق ناھايىتى ئاجىز بولۇپ ئاندىن تۈگىشىدىغانلىقىنى (يىقىلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ (ئاموس پەيغەمبەردىن 150 يىل كېيىن شۇنداق بولغان)؛ (2) ئاخىرقى زامانلاردا خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادىنى ئېلىپ تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىسرائىلنى قايتىدىن بىر پادىشاھلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پادىشاھلىق بارلىق قالغان ئەللەرنى باشقۇرىدۇ (12-ئايەتتە كۆرسىتىلىدۇ). بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ (12-ئايەت). \fp «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:11 \xt روس. 15‏:16\x* \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار. \m \v 13 مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، \m ــ يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، \m ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ؛ \m تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىپ، \m بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ.\f □ \fr 9:13 \ft \+bd «ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ»\+bd* ــ «ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى» ئۈزۈم شارابى چىقىرىش ئۈچۈن ئۈزۈملەرنى كۆلچەككە قويۇپ دۆسسەيدىغان ئادەملەر. \+bd «يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ھوسۇلنى يىغىپ بولۇشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ھوسۇل ئېلىش ئادەتتە مارت، ئاپرېل ئايلىرىدا باشلىنىدۇ. يەر ھەيدەش ئادەتتە ئۆكتەبر، نويابردا بولىدۇ. بىراق ھوسۇلنى يېغىۋېلىش يەر ھەيدەش باشلانغان ۋاقىتقىچە تېخى تۈگىمەيدۇ؛ ئۈزۈم چەيلەش ۋاقتى ئادەتتە سىنتەبر ئېيىدا بولىدۇ. لېكىن ئاخىرقى زاماندا ئۈزۈم چەيلەش ئۇرۇق چېچىش ۋاقتىغىچە، يەنى نويابر، دېكابر ئايلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. \+bd «بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىبارە بەلكىم سۈت ۋە شاراب شۇنچە مول بولىدۇ، مېۋە شىرنىلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، تاغلار ۋە دۆڭلەر «ئېرىپ كېتىۋاتقان»دەك كۆرۈنىدۇ، دېگەن مەنىدە. بۇ ئايەت «يو.» 18:3-ئايەتتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.\f*  \x + \xo 9:13 \xt يو. 3‏:18\x* \m \v 14 ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ \m ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ماكانلىشىدۇ؛ \m ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ؛ \m ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ.\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ،... ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ»\+bd* ــ بۇ ئۇلۇغ ۋەدە 9:4، 11:5، 27:5، 2:8-ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن جازالارنى يۈزدەيۈز ئۆزگەرتىدۇ. ئاخىر بېرىپ خۇدا ئۆز خەلقىنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ، پاكلاندۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار ئارىسىدا پۈتۈنلەي ئۇلۇغلىنىدۇ.\f* \m \v 15 مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن، \m ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ.\x + \xo 9:15 \xt يەر. 32‏:41\x*