\id ACT \h روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى \toc1 روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى \toc2 روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى \toc3 روس. \mt1 روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى \c 1 \s1 مۇقەددىمە \m \v 1‏-2 ئى \add ھۆرمەتلىك\add* تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى.\f □ \fr 1:1‏-2 \ft \+bd «مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى»\+bd* ــ دېمەك، «لۇقا» دېگەن كىتابتا ««ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى» خاتىرلىنىدۇ؛ «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە بولسا ئەيسانىڭ «بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرى»نىڭ داۋامى خاتىرلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:1‏-2 \xt لۇقا 1‏:1-3؛ مار. 16‏:19؛ لۇقا 9‏:51؛ يـۇھ. 20‏:21؛ ئ‍ەف. 2‏:17؛ 1تىم. 3‏:16. \x* \m \v 3 ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛\x + \xo 1:3 \xt مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 21‏:1؛ 1كور. 15‏:5. \x* \v 4 ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئاتىنىڭ ۋەدىسى»\+bd* ــ مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:4 \xt لۇقا 24‏:48، 49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7. \x* \v 5 چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر».\x + \xo 1:5 \xt يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27-29؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 2‏:4؛ 11‏:15، 16؛ 19‏:4. \x* \b \m \s1 ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى \m \v 6 روسۇللار \add ئۇنىڭ بىلەن\add* جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟»\+bd* ــ ياكى «مۇشۇ ۋاقىتتا پادىشاھلىقنى ئىسرائىلغا قايتۇرامسەن؟».\f*  \x + \xo 1:6 \xt مات. 24‏:3. \x* \m \v 7 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق»\+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:7 \xt مات. 24‏:36. \x* \v 8 بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.\x + \xo 1:8 \xt يەش. 2‏:3؛ لۇقا 24‏:48؛ يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 2‏:4،32؛ ئ‍ەز.11‏:23؛ زەك.4‏:14 \x* \m \v 9 ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. \x + \xo 1:9 \xt مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:51. \x* \v 10 ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ:\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ...»\+bd* ــ بۇ «ئادەملەر» پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 1:10 \xt مات. 28‏:3. \x* \m \v 11 ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ «دان.» 13:7-14، «زەك.» 1:14-3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:11 \xt دان. 7‏:13؛ زەك.14‏:4؛ مات. 24‏:30؛ مار. 13‏:26؛ لۇقا 21‏:27؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \b \m \s1 يەھۇدانىڭ ئورنىغا ماتتىياسنىڭ تاللىنىشى \m \v 12 ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدىن شابات كۈنلۈك بىر سەپەر يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...)».\f* \v 13 ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە \add يەنە بىر\add* ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇ يەردە پېترۇس بىلەن يۇھاننا ۋە ياقۇپ بىلەن ئاندىرىياس، فىلىپ ۋە توماس، بارتولوماي ۋە ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى».\f* \v 14 بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.\x + \xo 1:14 \xt مات. 13‏:55. \x* \m \v 15 شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى: \m \v 16 ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...».\f*  \x + \xo 1:16 \xt زەب. 41‏:9؛ مات. 26‏:23، 47؛ مار. 14‏:43؛ يـۇھ. 13‏:18؛ 18‏:3. \x* \v 17 چۈنكى \add يەھۇدا\add*مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە \add خۇدانىڭ\add* بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى \x + \xo 1:17 \xt مات. 10‏:4؛ مار. 3‏:19؛ لۇقا 6‏:16. \x* \v 18 (ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛\x + \xo 1:18 \xt 2سام. 17‏:23؛ مات. 27‏:5. \x* \v 19 بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) \x + \xo 1:19 \xt مات. 27‏:8. \x* \v 20 چۈنكى زەبۇردا \add يەھۇداغا\add* \add قارىتىلغان\add* مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ \m «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، \m ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» \m ۋە: ــ \m «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!»\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!»\+bd* ــ «زەب.» 25:69. \+bd «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!»\+bd* ــ «زەب.» 8:108.\f*  \x + \xo 1:20 \xt زەب. 69‏:25؛ 109‏:8\x* \m \v 21‏-22 شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا \add پەيغەمبەر\add*دىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى.\f □ \fr 1:21‏-22 \ft \+bd «رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدانىڭ ئورنىغا «گۇۋاقلاق بېرىش» ئۈچۈن.\f*  \x + \xo 1:21‏-22 \xt روس. 6‏:3. \x* \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى:\x + \xo 1:23 \xt روس. 6‏:6. \x* \m \v 24‏-25 ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن!\x + \xo 1:24‏-25 \xt 1سام. 16‏:17؛ 1تار. 28‏:9؛ 29‏:17؛ زەب. 7‏:9؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ روس. 15‏:8؛ ۋەھ. 2‏:23. \x* \m \v 26 ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى.\f □ \fr 1:26 \ft \+bd «ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى»\+bd* ــ «ئون ئىككىنچى روسۇل» دېگەن تېما توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 2 \s1 مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا كېلىشى \m \v 1 ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd ««ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا،..»\+bd* ــ ياكى «ئورما ھېيت كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا،...». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا «ئورما ھېيت كۈنى»نىڭ ئۆزى بىرخىل بېشارەت ياكى «بېشارەتلىك رەسىم» بولىدۇ. «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى «ھېيتلار» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ. \fp «ئورما ھېيت» ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كېلىدىغان ھېيت، شۇڭلاشقا بەزى ۋاقىتلاردا گرېك تىلىدا «ئەللىكىنچى كۈندىكى ھېيت» («پېنتېكوست») دەپ ئاتىلىدۇ (بەلكىم ماينىڭ بېشى ئەتراپىدا).\f*  \x + \xo 2:1 \xt لاۋ. 23‏:15؛ قان. 16‏:9؛ روس. 1‏:14. \x* \v 2 ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. \v 3 ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. \v 4 ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى.\x + \xo 2:4 \xt مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ 16‏:17؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:13؛ روس. 10‏:46؛ 11‏:15؛ 19‏:6. \x* \m \v 5 ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئەرلەر بەلكىم ھېيتنى تەبرىكلەشكە كەلگەنىدى.\f* \v 6 ئەمدى \add ئېتىقادچىلارنىڭ\add* بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە \add ئېتىقادچىلارنىڭ\add* ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى...»\+bd* ــ «ئاۋاز» دېگەن سۆز توغرۇلۇق ئۈچ چۈشەنچە بار: (1) 2-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئاسماندىن (چۈشكەن)... ئاۋاز»؛ (2) تەرجىمىمىزدەك، بارلىق ئېتىقادچىلار نامەلۇم تىل بىلەن خۇدانى مەدھىيەلىگەن چوڭ ئاۋازى؛ (3) گرېك تىلىدا بەزى ۋاقىتتا «ئاۋاز» دېگەن سۆز «خەۋەر»نى بىلدۈرگەچكە، مۇشۇ يەردىكى «ئاۋاز» «نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆپ تىللاردا سۆزلىسىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر»نى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن.\f* \v 7 ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ: \m ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟ \v 8 قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟ \v 9 ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، \v 10‏-11 فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى. \m \v 12 ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە: \m ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى. \m \v 13 ئەمما بەزىلەر: \m ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى. \b \m \s1 پېترۇسنىڭ چۈشەندۈرۈشى، ئەيسا مەسىھنى جار قىلىشى \m \v 14 ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: \m ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! \v 15 بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى».\f* \v 16 ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر: \m \v 17 ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: \m «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ \m سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، \m سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ \m سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن»\+bd* ــ «ئاخىرقى كۈنلەر» ياكى «ئاخىر زامان» ئادەتتە ئىنجىل دەۋرىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ؛ دېمەك، مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. «روھىمنى» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «روھىمدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt يەش. 44‏:3؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:27؛ يو. 2‏:27-29؛ زەك. 12‏:10؛ لۇقا 2‏:36؛ يـۇھ. 7‏:3؛ روس. 10‏:45؛ 21‏:9. \x* \m \v 18 بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ.\f □ \fr 2:18 \ft \+bd «شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن...»\+bd* ــ «روھىمنى» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «روھىمدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 19 مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، \m قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. \m \v 20 رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە، \m قۇياش قاراڭغۇلۇققا، \m ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.\x + \xo 2:20 \xt يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش .13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ ۋەھ. 6‏:12-13.\x* \m \v 21 ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، \m رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ».\f □ \fr 2:21 \ft \+bd «...ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ»\+bd* ــ (17-21-ئايەت) «يو.» 28:2-32نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:21 \xt يو. 2‏:30-32؛ رىم. 10‏:13. \x* \b \m \v 22 ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ \v 23 ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. \f □ \fr 2:23 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەر»...\+bd* ــ مۇشۇ يەردە يات ئەللىكلەر، بولۇپمۇ رىملىقلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:23 \xt روس. 4‏:28؛ 5‏:30. \x* \v 24 لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. \x + \xo 2:24 \xt روس. 10‏:40. \x* \v 25 داۋۇت \add زەبۇردا\add* ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: \m «مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ \m ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، \m مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.\x + \xo 2:25 \xt زەب. 16‏:8-11\x* \m \v 26 شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، \m مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ \m مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛ \m \v 27 چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، \m شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن. \m \v 28 سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ \m ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».\f □ \fr 2:28 \ft \+bd «...سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».»\+bd* ــ (25-28-ئايەت) «زەب.» 8:16-11نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:28 \xt زەب. 16‏:8-11\x* \b \m \v 29 قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز \add پادىشاھ\add* داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار. \x + \xo 2:29 \xt 1پاد. 2‏:10؛ روس. 13‏:36. \x* \v 30 ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. \f □ \fr 2:30 \ft \+bd «ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ چاتىرىقىدىن چىققاندىن بىرەيلەن...».\f*  \x + \xo 2:30 \xt 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ لۇقا 1‏:32؛ روس. 13‏:23؛ رىم. 1‏:3؛ 2تىم. 2‏:8. \x* \v 31 ئۇ مەسىھنىڭ \add ئۆلگەندىن كېيىن\add* تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. \x + \xo 2:31 \xt زەب. 16‏:10؛ روس. 13‏:35. \x* \v 32 خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز. \x + \xo 2:32 \xt يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 1‏:8. \x* \v 33 ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ \add بىزلەرگە\add* چۈشۈردى. \f □ \fr 2:33 \ft \+bd «شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ،...»\+bd* ــ ياكى «شۇنداقلا ئاتىدىن مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىش ۋەدىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ،...».\f*  \x + \xo 2:33 \xt روس. 1‏:4؛ 5‏:31؛ 10‏:45؛ فىل. 2‏:9. \x* \v 34‏-35 چۈنكى داۋۇت ئۆزى ئەرشكە چىققان ئەمەس؛ لېكىن ئۇ مۇنۇ سەزلەرنى \add زەبۇردا\add* ئېيتقان: ــ \m «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ \m «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، \m مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»».\f □ \fr 2:34‏-35 \ft \+bd «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»»\+bd* ــ «زەب.» 1:110.\f*  \x + \xo 2:34‏-35 \xt زەب. 110‏:1؛ 1كور. 15‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ ئىبر. 1‏:13. \x* \m \v 36 شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!». \m \v 37 بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن: \m ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.\x + \xo 2:37 \xt زەك. 12‏:10؛ لۇقا 3‏:10؛ روس. 9‏:6؛ 16‏:30. \x* \m \v 38 پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. \v 39 چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ.\f □ \fr 2:39 \ft \+bd «بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ»\+bd* ــ «بۇ ۋەدە» مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:39 \xt يو. 2‏:30-32؛ ئ‍ەف. 2‏:13. \x* \m \v 40 پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا: \m ــ سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇ ئىپلاس دەۋردىن قۇتقۇزۇڭلار! ــ دەپ جېكىلىدى. \v 41 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى \add جامائەتكە\add* قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. \v 42 ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، \add ئېتىقادچىلارنىڭ\add* بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. \f □ \fr 2:42 \ft \+bd «ئېتىقادچىلارنىڭ بىرلىك-ھەمدەملىكى»\+bd* ــ بۇ ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، گرېك تىلىدا «ئورتاقلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم خۇدا بىلەن بولغان ئالاقىنى، ھەم ئېتىقادچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ۋە خۇدانىڭ شاپائىتىدىن ئورتاق نېسىۋە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «نان ئوشتۇش»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن نان ئوشتۇشىنى كۆرسىتىدۇ («مات.» 26:26-28، «1كور.» 11-باب، 17-34نى كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق \m \v 43 ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. \x + \xo 2:43 \xt مار. 16‏:17؛ روس. 5‏:12. \x* \v 44 پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى.\x + \xo 2:44 \xt قان. 15‏:4؛ روس. 4‏:32. \x* \m \v 45 ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. \x + \xo 2:45 \xt يەش. 58‏:7؛ روس. 4‏:35. \x* \v 46 ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، \f □ \fr 2:46 \ft \+bd «ئۇلار ھەر كۈنى ... ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ،...»\+bd* ــ 42:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 47 خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى.\f □ \fr 2:47 \ft \+bd «...رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى»\+bd* ــ ياكى «...رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى».\f*  \x + \xo 2:47 \xt روس. 5‏:14؛ 11‏:21. \x* \b \b \m \c 3 \s1 پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ توكۇر ئادەمنى ساقايتىشى \m \v 1 بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «سائەت ئۈچتە»\+bd* ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بويىچە «سائەت توققۇزدا».\f* \v 2 شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى.\x + \xo 3:2 \xt يـۇھ. 9‏:8؛ روس. 14‏:8. \x* \v 3 ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. \v 4 پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ بىزگە قارا! ــ دېدى. \m \v 5 ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. \v 6 بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى،\x + \xo 3:6 \xt روس. 4‏:10. \x* \v 7 ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، \v 8 ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. \v 9 بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ \v 10 ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. \b \m \s1 پېترۇسنىڭ ئىبادەتخانىدا ئېيتقان سۆزلىرى \m \v 11 \add ساقايغان كىشى\add* پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا \add ئىبادەتخانىدىكى\add* «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. \v 12 بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: \m ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ \v 13 ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى \add رىملىقلارغا\add* تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن \add ۋالىي\add* پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» سۈپىتى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق بېشارەتلەر «يەش.» 1:42-18، 49-باب، 3:50-11، 13:52-12:53دە كۆرۈلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:13 \xt مىس. 3‏:6،15؛ مات. 27‏:20؛ مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 18‏:40. \x* \v 14 مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ \add ۋالىي پىلاتۇستىن\add* ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. \x + \xo 3:14 \xt لۇقا 23‏:18. \x* \v 15 شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «خۇدا ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈردى».\f*  \x + \xo 3:15 \xt روس. 1‏:8؛ 2‏:32. \x* \v 16 مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى. \m \v 17 ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. \v 18 لېكىن خۇدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئالدىنئالا جاكارلىغانلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. \x + \xo 3:18 \xt يەش. 50‏:6؛ 53‏:5؛ لۇقا 24‏:27. \x* \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ \x + \xo 3:19 \xt روس. 2‏:38. \x* \v 20 ۋە ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئالدىن تىكلەنگەن مەسىھ، يەنى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. \v 21 ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. \v 22 مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك! \x + \xo 3:22 \xt قان. 18‏:15-16، 19؛ يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 7‏:37. \x* \v 23 چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ».\f □ \fr 3:23 \ft \+bd «...چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»\+bd* ــ (22-23-ئايەت) «قان.» 15:18-19). بۇ بېشارەت ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \m \v 24 دەرۋەقە، سامۇئىل \add پەيغەمبەر\add* ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەر توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان. \v 25 سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر ــ بۇ ئەھدە بويىچە خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-جەمەتلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. \x + \xo 3:25 \xt يار. 22‏:18؛ گال. 3‏:8. \x* \v 26 شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.\f □ \fr 3:26 \ft \+bd «شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى»\+bd* ــ «ئۇنى (ئەيسانى)... \+bd ئاۋۋال\+bd* سىلەرگە ئەۋەتتى» ــ دېمەك، خۇدا ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بويىچە ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولغان ئەيسانى «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن» ئەۋەتكەندە، ئۇنى بارلىق ئەللەرگە ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال ئۆز يەھۇدىي خەلقىگە ئەۋەتتى.\f* \b \b \m \c 4 \s1 پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوراق قىلىنىشى \m \v 1 پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «سادۇقىيلار»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ بىر مەزھىپى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \v 2 ئۇلار \add روسۇللارنىڭ\add* خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى .\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ئۇلار روسۇللارنىڭ... «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى»\+bd* ــ «ئەسەبىيلەشتى» ياكى «غەزەپلەندى». «ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دېگەن گەپ سادۇقىيلارنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرگەن بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇلار بۇ نۇقتىغا قەتئىي ئىشەنمەيتتى.\f* \v 3 ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى...»\+bd* ــ «ئۇلارنى» ــ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ئۇلارغا ئېسىلىپ چىڭ تۇتقان، ساقايتىلغان توكۇر كىشىنى كۆرسىتىدۇ (9-، 10-، 14-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 4 لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى. \m \v 5 ئەتىسى، \add يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى\add* باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. \v 6 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن ئانناس، قايافاس، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش كاھىننىڭ باشقا جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى. \v 7 ئۇلار \add پېترۇس بىلەن يۇھاننانى\add* ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ: \m ــ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ ياكى كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 4:7 \xt مىس. 2‏:14؛ مات. 21‏:23؛ روس. 7‏:27. \x* \m \v 8 پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى! \v 9 ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، \v 10 سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ \add كۈچ-قۇدرىتى\add* ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ! \m \v 11 بۇ \add ئەيسا\add* بولسا، \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* \add پۈتۈلگەندەك\add*، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «بۇ ئەيسا بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەندەك، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر»\+bd* ــ «زەب.» 2:118.\f*  \x + \xo 4:11 \xt زەب. 118‏:22؛ يەش. 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:7. \x* \v 12 ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر.\x + \xo 4:12 \xt مات. 1‏:21؛ روس. 10‏:43؛ 1تىم. 2‏:5. \x* \m \v 13 پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكى...»\+bd* ــ «ئوقۇمىغان» پۈتۈنلەي ساۋاتسىز دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت (ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا) تەۋراتقا شەرھ بېرىشكە سالاھىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئادەتتىكى» «ھېچ ئالاھىدە تەربىيە كۆرمىگەن» دېگەن مەنىدە.\f* \v 14 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. \v 15 شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: \m \v 16 ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. \x + \xo 4:16 \xt يـۇھ. 11‏:47. \x* \v 17 لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى. \m \v 18 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى. \v 19 لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا: \m ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! \x + \xo 4:19 \xt روس. 5‏:29. \x* \v 20 ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 21 \add ھۆكۈمرانلار\add* بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى. \x + \xo 4:21 \xt روس. 3‏:7، 8؛ 5‏:26. \x* \v 22 چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى. \b \m \s1 جامائەتنىڭ بىر قەلبدە، بىر روھتا دۇئا قىلىشى \m \v 23 ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. \f □ \fr 4:23 \ft \+bd «ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ...»\+bd* ــ «ئۆز ھەمراھلىرى» ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئەمەس، بەلكى جامائەتتىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:23 \xt روس. 12‏:12. \x* \v 24 ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: \m ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن. \x + \xo 4:24 \xt مىس. 20‏:11\x* \v 25 سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: \m «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ \m نېمە ئۈچۈن بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟\f □ \fr 4:25 \ft \+bd «سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «مۇقەددەس روھ بىلەن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 4:25 \xt زەب. 2‏:1. \x* \m \v 26 دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، \m ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، \m پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى».\f □ \fr 4:26 \ft \+bd «...دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، *ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى»\+bd* ــ (25-26-ئايەت) «زەب.» 1:2-2.\f*  \x + \xo 4:26 \xt زەب. 2‏:1، 2. \x* \m \v 27 ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى، \x + \xo 4:27 \xt مات. 26‏:3؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47. \x* \v 28 شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان. \f □ \fr 4:28 \ft \+bd «كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «قولۇڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە...». \+bd «سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان»\+bd* ــ دېمەك، مۇشۇ كىشىلەرنىڭ خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە قارشى ئىنتايىن يامان نىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى بەرىبىر خۇدا ئۆزىنىڭ كارامەت پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.\f* \m \v 29 ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛ \v 30 ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن.\x + \xo 4:30 \xt مار. 16‏:17. \x* \m \v 31 ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى.\x + \xo 4:31 \xt روس. 16‏:26. \x* \b \m \s1 ئېتىقادچىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئورتاق قىلىشى \m \v 32 توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. \x + \xo 4:32 \xt روس. 2‏:44؛ 1پېت. 3‏:8. \x* \v 33 روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. \v 34 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ \v 35 روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى.\x + \xo 4:35 \xt يەش. 58‏:7. \x* \m \v 36 ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛ \f □ \fr 4:36 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى... بارناباس.. دەپ ئاتىغان»\+bd* ــ بارناباس لاۋىيلىق بولغاچقا، بەلكىم ئىبادەتخانىدا ئىشلىگەنىدى.\f* \v 37 ئۇنىڭمۇ بىر پارچە ئېتىزى بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ئۇنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا تاپشۇردى. \b \b \m \c 5 \s1 ئانانىيا بىلەن سافىرا \m \v 1 ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى.\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم...»\+bd* ــ «ئانانىياس» بەلكىم ئىبرانىي تىلىدىكى «ھانانىيا» دېگەننىڭ گرېك تىلىدىكى شەكلى بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 2 ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى»\+bd* ــ بۇ ئىشقا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ سېخىيلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ: «مانا بىز باشقىلارغا ئوخشاش ھەممە نەرسىمىزنى خۇدانىڭ يولىغا بېغىشلىدۇق» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى يەر ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى، دەپ يالغان ئېيتقانىدى.\f* \m \v 3 بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ،...؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نېمىشقا شەيتان قەلبىڭنى تولدۇرغانكى...؟» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 4 يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! ــ دېدى. \m \v 5 ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. \v 6 ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى. \m \v 7 تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، \add ئانانىياسنىڭ\add* ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى. \v 8 پېترۇس ئۇنىڭدىن: \m ــ ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. \m \v 9 پېترۇس: \m ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! ــ دېدى. \m \v 10 ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. \v 11 پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. \b \m \s1 روسۇللار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر \m \v 12 روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق \add ئېتىقادچىلار\add* بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. \x + \xo 5:12 \xt مار. 16‏:17؛ روس. 2‏:43. \x* \v 13 بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. \v 14 شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى). \v 15 شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. \m \v 16 يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.\x + \xo 5:16 \xt مار. 16‏:17؛ روس. 8‏:7؛ 16‏:18؛ 19‏:12. \x* \b \m \s1 روسۇللارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى \m \v 17 باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ، \v 18 روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى. \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «قاماقخانا» گرېك تىلىدا «ئاممىۋىي تۈرمە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 19 لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا:\x + \xo 5:19 \xt روس. 12‏:7؛ 16‏:26. \x* \m \v 20 ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى. \m \v 21 روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. \m باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن \add روسۇللارنى\add* ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى. \v 22 لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە: \m \v 23 ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى. \m \v 24 بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى \add مەسئۇل\add* كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار: ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى. \v 25 دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: \m ــ قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى. \m \v 26 بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، \add روسۇللارنى\add* ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.\x + \xo 5:26 \xt مات. 21‏:26؛ روس. 4‏:21. \x* \m \v 27 ئۇلار \add روسۇللارنى\add* ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ: \m \v 28 ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى.\f □ \fr 5:28 \ft \+bd «سىلەر...بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر!»\+bd* ــ قىزىق ئىش شۇكى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ تىلى «ئەيسا» دېيىشكە قەتئىي بارمايدۇ.\f*  \x + \xo 5:28 \xt روس. 4‏:18. \x* \m \v 29 لېكىن پېترۇس ۋە \add باشقا\add* روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: \m ــ ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك! \x + \xo 5:29 \xt روس. 4‏:19. \x* \v 30 سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى. \f □ \fr 5:30 \ft \+bd «...ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «...دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسا».\f*  \x + \xo 5:30 \xt قان. 21‏:23؛ روس. 3‏:15؛ 10‏:39؛ 13‏:29؛ 1پېت. 2‏:24. \x* \v 31 خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى. \x + \xo 5:31 \xt روس. 2‏:33؛ 3‏:15؛ فىل. 2‏:9. \x* \v 32 بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر.\x + \xo 5:32 \xt يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 2‏:4. \x* \m \v 33 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ \add روسۇللارنى\add* ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى. \v 34 لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: \m ــ ئۇلارنى بىردەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. \m \v 35 ئاندىن ئۇ \add كېڭەشمىدىكىلەرگە\add* مۇنداق دېدى: \m ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار! \v 36 ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى. \f □ \fr 5:36 \ft \+bd «بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى...»\+bd* ــ «ئۇ ... ئۆلتۈرۈلدى» ــ شۈبھىسىزكى، ئۇ رىملىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدۇ. تەۋداسنىڭ ئىسيانى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى بولغان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 5:36 \xt روس. 21‏:38. \x* \v 37 ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. \v 38 ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ. \x + \xo 5:38 \xt پەند. 21‏:30؛ يەش. 8‏:10؛ مات. 15‏:13. \x* \v 39 لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر! \x + \xo 5:39 \xt روس. 9‏:5؛ 23‏:9. \x* \m \v 40 ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى. \v 41 روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى. \f □ \fr 5:41 \ft \+bd «.. ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇبارەك نام» گرېك تىلىدا پەقەت «نام» دېگەن بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى شۇ چاغدىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيادا پەقەت بىرلا «نام»، يەنى ئەيسانىڭ نامى مەۋجۇت ئىدى.\f*  \x + \xo 5:41 \xt مات. 5‏:12. \x* \v 42 ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى.\f □ \fr 5:42 \ft \+bd «ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش...»\+bd* ــ ياكى «ۋە خۇش خەۋەر بولغان ئەيسا مەسىھنى جاكارلاش...».\f* \b \b \m \c 6 \s1 جامائەتنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرىگە تاللانغان يەتتە كىشى \m \v 1 شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «گرېكلەشتۈرۈلگەنلەر». \+bd «يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلار»\+bd* ــ دېمەك، ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەيدىغان ئېتىقادچىلار.\f* \v 2 شۇڭا، ئون ئىككىيلەن پۈتكۈل مۇخلىسلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ بىزنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا بولمايدۇ.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا بولمايدۇ»\+bd* ــ «ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش» گرېك تىلىدا «داستىخانلاردا كۈتۈش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 6:2 \xt مىس. 18‏:17. \x* \v 3 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى نام-ئابرۇيى بار، مۇقەددەس روھقا ۋە دانالىققا تولغان يەتتە كىشىنى ئىلغاپ تاللاڭلار، ۋە بىز ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىمىز.\x + \xo 6:3 \xt قان. 1‏:13؛ روس. 1‏:21؛ 16‏:2؛ 1تىم. 3‏:7. \x* \v 4 بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز. \m \v 5 بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ،\x + \xo 6:5 \xt روس. 11‏:24؛ 21‏:8. \x* \v 6 ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. روسۇللار ئۇلارنىڭ \add بۇ خىزمەتنى قىلىشى ئۈچۈن\add* قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، دۇئا قىلىشتى.\f □ \fr 6:6 \ft \+bd «ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەم... يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى»\+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، تاللانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرىدىن «گرېكلەشكەن يەھۇدىيلار» ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.\f*  \x + \xo 6:6 \xt روس. 1‏:23؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 1تىم. 4‏:14؛ 5‏:22؛ 2تىم. 1‏:6. \x* \m \v 7 ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ \add مەسىھ\add* ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى.\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «نۇرغۇن كاھىنلارمۇ مەسىھ ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى»\+bd* ــ «مەسىھ ئېتىقادىغا» گرېك تىلىدا پەقەت «ئېتىقادقا» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 6:7 \xt روس. 19‏:20. \x* \b \m \s1 ئىستىپاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى \m \v 8 ۋە ئىستىپان \add خۇدانىڭ\add* مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. \v 9 بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى \add يەھۇدىيلار\add* ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. \v 10 لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. \x + \xo 6:10 \xt مىس. 4‏:12؛ يەش. 54‏:17؛ لۇقا 21‏:15. \x* \v 11 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: \m ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى.\x + \xo 6:11 \xt مات. 26‏:59. \x* \m \v 12 ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ خالايىقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى؛ ئاندىن ئىستىپاننىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى. \v 13 ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى: \m ــ بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ»\+bd* ــ «مۇقەددەس جاي» ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 14 چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھېلىقى ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ ۋە مۇسا پەيغەمبەر بىزگە تاپشۇرغان ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.\f □ \fr 6:14 \ft \+bd «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ»\+bd* ــ «بۇ جاي» بەلكىم «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدۇ (12-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 15 كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ پەرىشتىنىڭكىدەك پارقىراق ئىكەنلىكىنى كۆردى. \b \b \m \c 7 \s1 ئىستىپاننىڭ گۇۋاھلىقى \m \v 1 باش كاھىن ئىستىپاندىن: \m ــ بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى راستمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 2 ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاتىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدا تۇرۇۋاتقاندا، يەنى ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ ماكانلىشىشتىن ئىلگىرى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۇنىڭغا ئايان بولۇپ: \v 3 «سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن» دېگەنىدى.\x + \xo 7:3 \xt يار. 12‏:1. \x* \v 4 بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ زېمىنغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان زېمىنغا يۆتكەپ كەلدى.\f □ \fr 7:4 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ،..»\+bd* ــ «كالدىيىلىكلەرنىڭ زېمىنى» «ئۇز» دېگەن يۇرتنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 31:11، 1:12نى كۆرۈڭ).\f* \v 5 ئۇ ۋاقىتتا، \add خۇدا\add* ئۇنىڭغا بۇ زېمىندىن مىراس بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭقا تەۋە پۇت قويغۇدەكمۇ بىر يەر بەرمىگەنىدى. گەرچە ئۇ تېخىچە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، \add خۇدا\add* بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئىگىلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلدى.\x + \xo 7:5 \xt يار. 12‏:7؛ 13‏:15. \x* \v 6 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرىدۇ، شۇ يۇرتتىكىلەر ئۇلارنى قۇل قىلىپ تۆت يۈز يىل خورلايدۇ.\x + \xo 7:6 \xt يار. 15‏:13-14، 16؛ مىس. 12‏:40؛ گال. 3‏:17. \x* \v 7 بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن»، دېدى خۇدا، «ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، \add نەسىللىرىڭ\add* ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ».\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «...بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن... ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، نەسىللىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ»\+bd* ــ «يار.» 13:15-14.\f*  \x + \xo 7:7 \xt يار. 15‏:16؛ مىس. 3‏:12. \x* \m \v 8 كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇنىڭدىن تۆرەلدى؛ \add ئىبراھىم\add* ئۇنى سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسھاقتىن ياقۇپ \add تۆرەلدى\add*، ياقۇپتىن ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى» \add تۆرەلدى\add*.\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن..»\+bd* ــ «يار.» 10:17-14. \+bd «ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى»»\+bd* ــ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئەجدادلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:8 \xt يار. 21‏:2؛ 25‏:24؛ 29‏:32؛ 30‏:5؛ 35‏:23. \x* \m \v 9 كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ...»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتتا «قەبىلە ئاتىلىرى» (يۈسۈپتىن باشقا) ئونەيلەن ئىدى. مۇشۇ ۋەقەنى «يار.» 37-بابتىن كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:9 \xt يار. 37‏:4،28؛ زەب. 105‏:17. \x* \v 10 ئۇنى بارلىق جەبىر-جاپالاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلدى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر، ئوردىسىغا باش غوجىدار قىلدى. \x + \xo 7:10 \xt يار. 41‏:40. \x* \v 11 كېيىن، ئېغىر ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر ۋە قانائان يەرلىرىنى بېسىپ، زور قىيىنچىلىق بولدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈك تاپالمىدى. \x + \xo 7:11 \xt يار. 41‏:54؛ زەب. 105‏:16. \x* \v 12 ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، \add ئوغۇللىرىنى\add*، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى. \f □ \fr 7:12 \ft \+bd «ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، ... ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى»\+bd* ــ «بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى» ــ بىرىنچى قېتىم ئۇلار ئۇكىسى يۈسۈپنى تونىيالمىدى (ئون نەچچە يىل ئۆتكەنىدى). «يار.» 42-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:12 \xt يار. 42‏:1. \x* \v 13 ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر پىرەۋن پادىشاھقا مەلۇم بولدى. \f □ \fr 7:13 \ft \+bd «ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى»\+bd* ــ «يار.» 43-45-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:13 \xt يار. 45‏:4. \x* \v 14 ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ،...مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى»\+bd* ــ «يار.» 46-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 15 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ مىسىرغا چۈشتى ۋە شۇ يەردە ئۆلدى؛ كېيىن \add ئۇنىڭدىن بولغان\add* ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شۇ يەردە ئۆلدى. \x + \xo 7:15 \xt يار. 46‏:5؛ 49‏:33. \x* \v 16 ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئىبراھىم بۇرۇن ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەلۇم پۇلغا سېتىۋالغان، شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى.\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن ... شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى»\+bd* ــ «يارىتىلش» 29:49-32نى كۆرۈڭ. ئىستىپان مۇشۇ يەردە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بەك قىسقارتىۋېتىدۇ.\f*  \x + \xo 7:16 \xt يار. 23‏:16؛ 50‏:13؛ مىس. 13‏:19؛ يە. 24‏:32. \x* \m \v 17 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، مىسىردا تۇرۇۋاتقان \add ئىسرائىل\add* خەلقىنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى. \f □ \fr 7:17 \ft \+bd «خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا...»\+bd* ــ «خۇدا قىلغان ۋەدە» بولسا خۇدانىڭ «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ» دېگەن ۋەدىسى (7-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 7:17 \xt مىس. 1‏:7؛ زەب. 105‏:24. \x* \v 18 ئۇ ۋاقىتتا، يۈسۈپتىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. \x + \xo 7:18 \xt مىس. 1‏:8\x* \v 19 بۇ پادىشاھ قوۋمىمىزغا ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. \v 20 مۇسا مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي بېقىلدى. \f □ \fr 7:20 \ft \+bd «مۇسا...خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا...»\+bd* ــ مۇسانىڭ روھىي جەھەتتىكى بەزىبىر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ («مىس» 2:2).\f*  \x + \xo 7:20 \xt مىس. 2‏:2؛ 6‏:19؛ چۆل. 26‏:59؛ 1تار. 23‏:13؛ ئىبر. 11‏:23. \x* \v 21 كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا، پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى \add سۇدىن\add* ئېلىپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. \f □ \fr 7:21 \ft \+bd «كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا..»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «سىرتقا قويۇپ قويۇش» دېگەن ئىبارە 19-ئايەتتە: (ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن) «\+bd تاشلىۋېتىش\+bd*» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما مۇسانىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ بوۋاققا (مۇساغا) بولغان بارلىق مۇئامىلىسى، جۈملىدىن «سىرتقا قويۇش»ى ئىمان-ئىشەنچ بىلەن بولدى. «ئىبر.» 23:11ن، «مىس.» 2-بابنى كۆرۈڭ. \+bd «پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى سۇدىن ئېلىپ...»\+bd* ــ «مىس.» 2-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 22 مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق بىلىم-ھېكمىتى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆزدە ۋە ئەمەلدە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقتى. \m \v 23 لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا قىرىق يىل توشقاندا، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش نىيىتىگە كەلدى. \f □ \fr 7:23 \ft \+bd «ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنى يوقلاش...».\f*  \x + \xo 7:23 \xt مىس. 2‏:11-15. \x* \v 24 ئۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۇۋال قىلىنىپ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، خارلانغان كىشى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ خارلىغۇچى مىسىرلىقنى ئۆلتۈردى. \v 25 چۈنكى ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى: ــ خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق بىزگە قۇتقۇزۇش يولىنى ئاچقان دەپ چۈشىنىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. \v 26 ئەتىسى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرۈپ، ئارىسىغا كىرىپ ياراشتۇرماقچى بولۇپ: سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى. \m \v 27 بىراق قېرىندىشىنى يولسىز بوزەك قىلغان كىشى ئۇنى چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ: ــ كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ؟! \x + \xo 7:27 \xt مات. 21‏:23؛ روس. 7‏:35؛ 4‏:7. \x* \v 28 مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. \x + \xo 7:28 \xt مىس. 2‏:14. \x* \v 29 مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇ يەردە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.\f □ \fr 7:29 \ft \+bd «مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ،..»\+bd* ــ ئۇنىڭ قورقىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى مىسىرلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى بولۇشى كېرەك. لېكىن ئاخىردا ئۇنىڭ مىسىرنى تاشلاپ كېتىشى قورقۇنچتىن ئەمەس، بەلكى ئىماندىن ئىدى ( يەنە «مىس.» 2-بابنى، «ئىبر.» 27:11نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 30 قىرىق يىل توشقاندىن كېيىن، سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە، كۆيۈۋاتقان بىر چاتقاللىقنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈندى. \x + \xo 7:30 \xt مىس. 3‏:2 \x* \v 31 بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن مۇسا ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قالدى؛ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەي دەپ يېقىنراق بارغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: \v 32 «مەن سېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن» دېدى. مۇسا قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. \x + \xo 7:32 \xt مىس. 3‏:6؛ مات. 22‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. \x* \v 33 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئايىغىڭنى سېلىۋەت؛ چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. \x + \xo 7:33 \xt مىس. 3‏:5، 7، 8، 10؛ يە. 5‏:15. \x* \v 34 مەن دەرھەقىقەت مىسىردا تۇرۇۋاتقان خەلقىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئېلىپ چىققىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن، مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.\x + \xo 7:34 \xt مىس. 3‏:2-10. \x* \m \v 35 مانا ھېلىقى كىشىلەر: «كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغان دەل مۇشۇ مۇسانى، خۇدا ئۇنىڭغا چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن پەرىشتىنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىللارغا ھەم باش ھەم قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. \v 36 ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى \add مىسىردىن\add* چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. \f □ \fr 7:36 \ft \+bd «...شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى»\+bd* ــ بۇ ئىشلار «مىسىردىن چىقىش» ھەم «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»دىكى ئۇلۇغ تېمادۇر.\f*  \x + \xo 7:36 \xt مىس. 7؛ 8؛ 9؛ 10؛ 11؛ 13؛ 14؛ 16‏:1؛ قان. 1‏:3. \x* \v 37 ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. \f □ \fr 7:37 \ft \+bd «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ»\+bd* ــ «قان.» 15:18.\f*  \x + \xo 7:37 \xt قان. 18‏:15،18؛ يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 3‏:22؛ مات. 17‏:5. \x* \v 38 چۆل-باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ \x + \xo 7:38 \xt مىس. 19‏:3؛ گال. 3‏:19. \x* \v 39 شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛ \v 40 شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا: ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. \f □ \fr 7:40 \ft \+bd «شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا...»\+bd* ــ ھارۇن مۇسانىڭ ئاكىسى. \+bd «شۇڭا \+bd*\+bdit خالايىق\+bdit* ھارۇنغا: ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى» ــ بۇ ۋەقە مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا بولغانىدى («مىس.» 32-باب).\f*  \x + \xo 7:40 \xt مىس. 32‏:1،23. \x* \v 41 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇلار موزاي شەكلىدە بىر بۇت ياساپ، بۇ مەبۇدقا ئاتاپ قۇربانلىق سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بىر نەرسىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشكە كىرىشتى. \v 42 لېكىن خۇدا ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇز قوشۇنلىرىغا چوقۇنۇشقا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىسىدا پۈتۈلگەدەك، \add خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى\add*: ــ \m «سىلەر چۆل-باياۋاندا بولغان قىرىق يىل جەريانىدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى ھەقىقەتەن ماڭا ئېلىپ كەلگەنمۇسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ \x + \xo 7:42 \xt ئام. 5‏:25. \x* \v 43 بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن».\f □ \fr 7:43 \ft \+bd «... بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن»\+bd* ــ «ئام.» 25:5-27.\f*  \x + \xo 7:43 \xt ئام. 5‏:26،27. \x* \m \v 44 ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى. \f □ \fr 7:44 \ft \+bd ««ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى»\+bd* ــ يەنى «ئىبادەت چېدىرى»؛ «مىس.» 34:16 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى»\+bd* ــ «سۆز-كالام يەتكۈزگۈچى» ــ خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 7:44 \xt مىس. 25‏:40؛ ئىبر. 8‏:5. \x* \v 45 شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا \add پادىشاھ\add* داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان. \f □ \fr 7:45 \ft \+bd «يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە...»\+bd* ــ يەنى يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە.\f*  \x + \xo 7:45 \xt يە. 3‏:14. \x* \v 46 داۋۇت خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان. \f □ \fr 7:46 \ft \+bd «ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان تېپىشقا ئىجازەت سورىغان» («2سام.» 7-بابنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 7:46 \xt 1سام. 16‏:1؛ 2سام. 7‏:2؛ 1تار. 17‏:1؛ زەب. 89‏:19-21؛ 132‏:5؛ روس. 13‏:22. \x* \v 47 بىراق كېيىن، \add خۇدا\add* ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان \add داۋۇت ئەمەس\add*، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى. \f □ \fr 7:47 \ft \+bd «بىراق كېيىن، (خۇدا) ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان داۋۇت ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى»\+bd* ــ «1پاد.» 5-6-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:47 \xt 1پاد. 6‏:1؛ 1تار. 17‏:12. \x* \v 48 ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك: ــ \x + \xo 7:48 \xt 1پاد. 8‏:27؛ روس. 17‏:24. \x* \m \v 49 «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، \m زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، \m ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ \m ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟\x + \xo 7:49 \xt 2تار. 6‏:33؛ يەش. 66‏:1، 2؛ مات. 5‏:34؛ 23‏:22. \x* \m \v 50 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟»\f □ \fr 7:50 \ft \+bd «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟»\+bd* ــ «يەش.» 1:66-2.\f*  \x + \xo 7:50 \xt يەش. 66‏:1-2؛ يار. 1‏:4. \x* \m \v 51 ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر! \x + \xo 7:51 \xt نەھ. 9‏:16،17؛ يەر. 6‏:1. \x* \v 52 پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار، \f □ \fr 7:52 \ft \+bd «شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار،...»\+bd* ــ «ھەققانىي بولغۇچى» ئەيسانى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 53 ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى-تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!»\x + \xo 7:53 \xt مىس. 19‏:3؛ 24‏:3؛ يـۇھ. 7‏:19؛ گال. 3‏:19؛ ئىبر. 2‏:2. \x* \b \m \s1 ئىستىپاننىڭ چالما-كېسەك قىلىنىشى \m \v 54 \add ئىستىپاننىڭ\add* بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان \add ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر\add* يۈرىكىگە \add خەنجەر\add* سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. \v 55 لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، \v 56 ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! ــ دېدى. \m \v 57 ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، \v 58 ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. \add ئۇنى ئەرز قىلغان\add* گۇۋاھچىلار \add ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال\add* چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى. \f □ \fr 7:58 \ft \+bd «ئۇنى ئەرز قىلغان گۇۋاھچىلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى»\+bd* ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسا ئۇنىڭغا ئەرز قىلغان گۇۋاھچىلار بىرىنچى بولۇپ تاش ئېتىشى كېرەك ئىدى («قان.» 7:17).\f*  \x + \xo 7:58 \xt 1پاد. 21‏:13؛ لۇقا 4‏:29. \x* \v 59 ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ: \m ــ ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەپ نىدا قىلدى.\x + \xo 7:59 \xt زەب. 31‏:5؛ لۇقا 23‏:46. \x* \m \v 60 ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: \m ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.\x + \xo 7:60 \xt مات. 5‏:44؛ لۇقا 23‏:34؛ 1كور. 4‏:12. \x* \b \b \m \c 8 \s1 سائۇلنىڭ ئېتىقادچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى \m \v 1 ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى.\x + \xo 8:1 \xt روس. 11‏:19؛ 22‏:20. \x* \v 2 بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا-زارلارنى كۆتۈرۈشتى.\x + \xo 8:2 \xt يار. 23‏:2؛ 50‏:10؛ 2سام. 3‏:31\x* \v 3 لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى.\x + \xo 8:3 \xt روس. 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \b \m \s1 خۇش خەۋەرنىڭ سامارىيە ئۆلكىسىگە يېتىپ بېرىشى \m \v 4 ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى.\x + \xo 8:4 \xt مات. 10‏:23؛ روس. 11‏:19. \x* \v 5 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىلىپ بولسا سامارىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە مەسىھنى جاكارلىدى. \v 6 توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. \v 7 چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛\x + \xo 8:7 \xt مار. 16‏:17؛ روس. 5‏:16؛ 16‏:18؛ 19‏:11. \x* \v 8 زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى. \m \v 9 ئۇ شەھەردە ئەسلى جادۇگەر-سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يول بىلەن پۈتكۈل سامارىيەدىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قالتىس زات كۆرسەتمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى. \x + \xo 8:9 \xt روس. 13‏:6. \x* \v 10 پېقىردىن تارتىپ ئامبالغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىپ قارايتتى ۋە «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ!» دېيىشەتتى. \v 11 خالايىق ئۇنىڭغا شۇنداق ئىخلاس قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى جادۇگەر-سېھىرگەرلىكى بىلەن ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىدى. \v 12 لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. \v 13 سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە \add فىلىپ\add* كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. \m \v 14 يېرۇسالېمدىكى روسۇللار سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى؛ \v 15 ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى. \v 16 چۈنكى مۇقەددەس روھ تېخى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمىگەنىدى؛ ئۇلار پەقەت رەب ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. \v 17 پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى. \f □ \fr 8:17 \ft \+bd «پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى»\+bd* ــ بۇ چوڭ ئىش ئىدى. ئەسلىدە يەھۇدىيلار ۋە سامارىيەلىكلەر بىر-بىرىگە بەك ئۆچ ئىدى، ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى. سامارىيەلىكلەر مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن فىلىپ («يېرىم گرېك»)نىڭ قولىنى ئەمەس، بەلكى ساپ ئىككى يەھۇدىينىڭ قولىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈشىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. ساپ ئىككى يەھۇدىيمۇ ھازىر ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، قوللىرىنى «ناپاك سامارىيەلىكلەر»نىڭ بېشىغا قويۇشى كېرەك. «يۇھاننا» 4-باب، «ماتتا»نىڭ «قوشۇمچە سۆز»ىدىكى 19:16 توغرۇلۇق ئىزاھاتىمىزنى ۋە «گال.» 28:3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:17 \xt روس. 6‏:6؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 4‏:14؛ 5‏:22؛ 2تىم. 1‏:6. \x* \v 18 لېكىن سىمون مۇقەددەس روھنىڭ روسۇللارنىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ: \m \v 19 ــ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلاركى، مەنمۇ ھەركىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى تەگكۈزسەم، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىنسۇن، ــ دېدى. \m \v 20 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: \m ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن! \x + \xo 8:20 \xt مات. 10‏:8. \x* \v 21 سېنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ ھەسسەڭ ياكى نېسىۋەڭ يوقتۇر! چۈنكى سېنىڭ نىيىتىڭ خۇدا ئالدىدا دۇرۇس ئەمەس! \v 22 شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن! \v 23 چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم. \m \v 24 سىمون ئۇلارغا: \m ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى.\f □ \fr 8:24 \ft \+bd «سىمون ئۇلارغا: ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى»\+bd* ــ بەزى قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر بويىچە، سىمون كېيىن خۇش خەۋەرگە ئەشەددىي دۈشمەن بولۇپ چىققان.\f* \m \v 25 پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ يەردە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. \b \m \s1 فىلىپ ۋە ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار \m \v 26 شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: \m ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! ــ دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر). \v 27‏-28 شۇڭا فىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. ۋە مانا، يولدا ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى كانداسنىڭ بىر ئەمەلدارى، پۈتكۈل خەزىنىگە مەسئۇل ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات ۋەزىر تۇراتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى؛ ھازىر قايتىش يولىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. \v 29 روھ فىلىپقا: \m ــ بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ــ دېدى.\f □ \fr 8:29 \ft \+bd «روھ فىلىپقا: ... ــ دېدى»\+bd* ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. \+bd «بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بېرىپ ئۆزۈڭنى بۇ ھارۋىغا قوشقىن».\f* \m \v 30 فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، \add ۋەزىرنىڭ\add* يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: \m ــ ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 31 ۋەزىر ئۇنىڭغا: \m ــ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! ــ دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئۆتۈندى. \m \v 32 ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: \b \m «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، \m قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. \v 33 ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، \m ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! \m چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».\f □ \fr 8:33 \ft \+bd «....ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى»\+bd* ــ «يەش.» 7:53-8.\f*  \x + \xo 8:33 \xt يەش. 53‏:7، 8. \x* \b \m \v 34 ئاغۋات فىلىپتىن: \m ــ دەپ بەرسىڭىز، پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغان؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقا بىرسىگىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 35 فىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ شۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئەيسا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بەردى. \f □ \fr 8:35 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ئەيسا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بەردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭغا ئەيسانى خۇش خەۋەر دەپ جاكارلاپ بەردى».\f*  \x + \xo 8:35 \xt لۇقا 24‏:45. \x* \v 36‏-37 ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: \m ــ مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. \add مۇشۇ يەردىلا\add* چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ ــ دېدى.\x + \xo 8:36‏-37 \xt روس. 10‏:47. \x* \m \v 38 ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ۋە ئاغۋات ئىككىسى بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. \v 39 ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. \v 40 فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى.\f □ \fr 8:40 \ft \+bd «فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى»\+bd* ــ «ئاشدود شەھىرى» گرېك تىلىدا «ئازوتۇس شەھىرى».\f* \b \b \m \c 9 \s1 سائۇلنىڭ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى \m \v 1 ئەمما \add شۇ چاغلار\add* سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ،\f □ \fr 9:1 \ft \+bd «سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سائۇلنىڭ ھەر نەپەسلىرى رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى بولۇپ،...».\f*  \x + \xo 9:1 \xt روس. 8‏:3؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 2 دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە \add مەسىھ\add* يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى.\f □ \fr 9:2 \ft \+bd «مەسىھ يولىدىكىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا پەقەت ««يول»دىكىلەر» دېيىلىدۇ (چۈنكى ئېتىقادنىڭ پەقەت بىرلا يولى باردۇر). \+bd «دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە مەسىھ يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى... تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى»\+bd* ــ سائۇل تۇتماقچى بولغانلار مەسىھگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارلا ئىدى (ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىدىن ھېچ خەۋىرى بولمىسا كېرەك). \fp \fp دەمەشقتىكى سىناگوگلار دەمەشق شەھىرىنى باشقۇرمىغان، ئەلۋەتتە. لېكىن شەھەردە يەھۇدىيلارنىڭ تەسىرى خېلى كۈچلۈك بولغاچقا (23-ئايەتنى كۆرۈڭ) سائۇل يەھۇدىي ئىشەنگۈچىلەرنى تۇتماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ياكى رۇخسىتىنى سورىمىسا بولمايتتى.\f* \m \v 3 سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى.\x + \xo 9:3 \xt روس. 22‏:6؛ 26‏:31؛ 1كور. 15‏:8؛ 2كور. 12‏:2. \x* \v 4 ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: \m ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «سائۇل، سائۇل!»\+bd* ــ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش بولسا رەبنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 5 ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. \m ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن.\x + \xo 9:5 \xt روس. 5‏:39. \x* \v 6 ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى.\x + \xo 9:6 \xt لۇقا 3‏:10؛ روس. 2‏:37؛ 16‏:30. \x* \m \v 7 ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى.\x + \xo 9:7 \xt دان. 10‏:7. \x* \v 8 سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. \v 9 ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى. \m \v 10 دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى: \m ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. \m ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. \m \v 11 رەب ئۇنىڭغا: \m ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. \x + \xo 9:11 \xt روس. 21‏:39؛ 22‏:3. \x* \v 12 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى. \m \v 13 ئانانىياس: \m ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن! \f □ \fr 9:13 \ft \+bd «ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن!»\+bd* ــ ئىنجىلدا «مۇقەددەس بەندىلەر» دېگەن ئىبارە كۆپ يەرلەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇ گرېكچىدە «مۇقەددەسلەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «تەبىرلەر»دە ئېيتقىنىمىزدەك، «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا ئاتالغان»، «خۇداغا خاس»، «خۇداغا مەخسۇس ئايرىلغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 9:13 \xt روس. 9‏:1؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 14 ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى. \m \v 15 لېكىن رەب ئۇنىڭغا: \m ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر. \f □ \fr 9:15 \ft \+bd «...ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈش ئۈچۈن...». \fp «ئەللەر» ــ يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەر.\f*  \x + \xo 9:15 \xt روس. 13‏:2؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:1؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:1. \x* \v 16 چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 9:16 \xt روس. 21‏:11؛ 2كور. 11‏:23. \x* \m \v 17 بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: \m ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى، \x + \xo 9:17 \xt روس. 22‏:12. \x* \v 18 سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. \v 19 ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى. \b \m \s1 سائۇلنىڭ دەمەشقتە خۇش خەۋەر جاكارلىشى \m \v 20 \add سائۇل\add* دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە \m ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى. \v 21 ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: \m ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \m \v 22 لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى.\f □ \fr 9:22 \ft \+bd «سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ،..»\+bd* ــ ياكى، «سائۇل بارغانسېرى كۈچلەندۈرۈلۈپ،...». \+bd «دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى»\+bd* ــ ياكى «دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى بۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى».\f* \m \v 23 كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى. \v 24 لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى. \x + \xo 9:24 \xt 2كور. 11‏:32. \x* \v 25 لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل \add كامارىدىن\add* چۈشۈردى.\f □ \fr 9:25 \ft \+bd «ئۇنى ... سېپىل كامارىدىن چۈشۈردى»\+bd* ــ ياكى، «ئۇنى... كۈنگۈرىدىن چۈشۈردى». «2كور.» 33:11نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:25 \xt يە. 2‏:15؛ 1سام. 19‏:12. \x* \b \m \s1 سائۇل يېرۇسالېمدا \m \v 26 سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. \x + \xo 9:26 \xt روس. 22‏:17. \x* \v 27 بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. \x + \xo 9:27 \xt روس. 11‏:25. \x* \v 28 بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. \f □ \fr 9:28 \ft \+bd «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە كىرىپ-چىقىپ...».\f* \v 29 ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى. \v 30 قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى. \m \v 31 ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر \add بىر مەزگىل\add* تىنچلىققا ئېرىشىپ، \add ئېتىقادتا\add* قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.\f □ \fr 9:31 \ft \+bd «ئۇ چاغدا...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭ بىلەن...» ياكى «شۇڭا...».\f* \b \m \s1 پېترۇس لىددا ۋە يوپپا ‘جاففا، خايفا’ شەھەرلىرىدە ياراتقان مۆجىزىلەر \m \v 32 شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى. \v 33 ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. \f □ \fr 9:33 \ft \+bd «ئورۇن تۇتۇپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پالاس تۇتۇپ...».\f* \v 34 پېترۇس ئۇنىڭغا: \m ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى. \m ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. \v 35 \add ئەنېياسنى\add* كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.\f □ \fr 9:35 \ft \+bd «...شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى (ئۆز يولىدىن) بۇرۇلۇپ رەبگە باغلاندى».\f* \m \v 36 يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى. \f □ \fr 9:36 \ft \+bd «يوپپا شەھىرى»\+bd* ــ كرېك تىلىدا ئىسمى «يوپپا». ھازىرقى ئىسمى «جاففا» ياكى «خايفا». \+bd «...تابىتا....دوركاس...»\+bd* ــ «تابىتا» ئىبرانىي تىلىدا، «دوركاس» گرېك تىلىدا «جەرەن» دېگەن مەنىدە.\f* \v 37 شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. \v 38 يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى. \v 39 پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى. \m \v 40 لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ: \m ــ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! ــ دېدى. \m تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى. \m \v 41 پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. \v 42 بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى. \f □ \fr 9:42 \ft \+bd «بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يوپپا» يوپپا (جاففا) شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل يەرلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. (ھازىرقى ئىسمى «خايفا»).\f* \v 43 شۇنداق بولدىكى، پېترۇس يوپپادا سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن كۈنلەر تۇردى. \b \b \m \c 10 \s1 رىملىق يۈزبېشىغا پەرىشتىنىڭ كۆرۈنۈشى \m \v 1 قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ \add رىم\add* قوشۇنىدىكى «ئىتالىيەلىكلەر» قىسمىنىڭ يۈزبېشى ئىدى. \v 2 ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى.\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «\+bd*\+bdit كورنىلىي\+bdit* ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى...» ــ كورنىلىي بەلكىم سىناگوگقا قاتناشقان «خۇدادىن قورققۇچى» دەپ ئاتالغان يات ئەللىكلەردىن بىرى ئىدى. گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ رىملىقلارغا خۇشى بولمىسىمۇ، ئۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن يەھۇدىي نامراتلارغا شۇنداق خەيرلىك ئىشلارنى قىلاتتى.\f* \v 3 بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: \m ــ كورنىلىي! ــ دەپ چاقىردى.\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە»\+bd* ــ قانائان (پەلەستىن) ۋاقتى بىلەن «سائەت توققۇزلاردا».\f* \m \v 4 كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ: \m ــ تەقسىر، نېمە ئىش؟ ــ دەپ سورىدى. \m پەرىشتە ئۇنىڭغا: \m ــ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك بېرىپ يەتتى. \v 5 ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. \v 6 ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى. \m \v 7 ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. \v 8 بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى. \b \m \s1 خۇدانىڭ پېترۇسقا ۋەھىي بېرىشى \m \v 9 ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. \f □ \fr 10:9 \ft \+bd «چۈش ۋاقتى»\+bd* ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت ئالتىدە».\f*  \x + \xo 10:9 \xt 2پاد. 4‏:33؛ مات. 6‏:6. \x* \v 10 ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلاۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى. \v 11 ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى. \v 12 داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىدى. \v 13 ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ \m «ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» \m \v 14 ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس.\f □ \fr 10:14 \ft \+bd «ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن!»\+bd* ــ داستىخاندىكى ھەرخىل ھايۋانلار ئىچىدە تەۋرات قانۇنى ھارام دەپ بېكىتكەن نۇرغۇن جانىۋارلار بولسا كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 10:14 \xt لاۋ. 11‏:4؛ قان. 14‏:7. \x* \m \v 15 ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا: \m ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى.\x + \xo 10:15 \xt مات. 15‏:11؛ رىم. 14‏:17،20؛ 1تىم. 4‏:4؛ تىت. 1‏:15. \x* \m \v 16 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. \m \v 17 پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى. \m \v 18 ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 10:18 \ft \+bd «ئۇلار \+bd*\+bdit ، يەنى كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر\+bdit* بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى» ــ 18-21-ئايەتلەردىن قارىغاندا، دەسلەپتە ھېچكىم مۇشۇ ئادەملەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى. يەھۇدىي قېرىنداشلار دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بىرنەچچە رىملىقلارنىڭ، جۈملىدىن بىر رىملىق ئەسكەرنىڭ پېترۇس توغرۇلۇق سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەلكىم جاۋاب بېرىشتىن بىرئاز قورققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 19 پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا: \m ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. \f □ \fr 10:19 \ft \+bd «مانا، روھ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى... دېدى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.\f* \v 20 ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى. \m \v 21 پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە: \m ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى. \m \v 22 ئۇلار جاۋابەن: ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز-كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى. \m \v 23 شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. \m ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. يوپپادىكى قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. \v 24 ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. \v 25 پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى. \v 26 لېكىن پېترۇس \add دەرھال\add* ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: \m ــ ئورنۇڭدىن تۇرغىن! مەنمۇ بىر ئىنسان، خالاس! ــ دېدى.\x + \xo 10:26 \xt روس. 14‏:14؛ ۋەھ. 19‏:10؛ 22‏:9. \x* \m \v 27 ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى. \v 28 ئۇ ئۇلارغا: \m ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى. \x + \xo 10:28 \xt مىس. 23‏:32؛ 34‏:15؛ قان. 7‏:2؛ يـۇھ. 4‏:9؛ 18‏:28؛ روس. 11‏:3؛ 15‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:6. \x* \v 29 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى. \m \v 30 كورنىلىي مۇنداق دېدى: \m ــ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى: \f □ \fr 10:30 \ft \+bd «سائەت ئۈچلەردە»\+bd* ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت توققۇزلاردا». بەزى كونا كۆچۈمىلەردە «روزا تۇتتۇم» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.\f* \v 31 «كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. \x + \xo 10:31 \xt مات. 28‏:3؛ مار. 16‏:5؛ لۇقا 24‏:4. \x* \v 32 شۇڭا يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلۇق سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. \v 33 شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرى كۈلبەمگە كېلىپ ياخشى قىلدىلا! ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىمىز. \b \m \s1 خۇدا يات ئەللەرگىمۇ نىجات ئاتا قىلىدۇ \m \v 34‏-35 پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: \m ــ بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر. \x + \xo 10:34‏-35 \xt قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17. \x* \v 36 خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛ \x + \xo 10:36 \xt يەش. 9‏:5؛ 52‏:7؛ يـۇھ. 16‏:33؛ رىم. 5‏:1؛ كول. 1‏:20.\x* \v 37‏-38 سىلەرنىڭمۇ يەھيا \add پەيغەمبەر\add* چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن ــ يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. \x + \xo 10:37‏-38 \xt يەش. 8‏:23؛ 9‏:1؛ مات. 4‏:12؛ مار. 1‏:14، 38، 39؛ لۇقا 4‏:14؛ زەب. 45‏:7؛ يەش. 61‏:1؛ لۇقا 4‏:18. \x* \v 39 بىزمۇ ئۇنىڭ ھەم يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمدا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىشى بىلەنمۇ ئۆلتۈردى. \f □ \fr 10:39 \ft \+bd «يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنى»\+bd* ــ يەھۇدىيە. \+bd «ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇنى دەرەختە ئېسىپ ئۆلتۈردى».\f* \v 40‏-41 بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. \f □ \fr 10:40‏-41 \ft \+bd «...ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەر...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «...ئۇنىڭ بىلەن يېگەن ۋە ئىچكەن بىزلەر...».\f*  \x + \xo 10:40‏-41 \xt مار. 16‏:14؛ لۇقا 24‏:34؛ يـۇھ. 20‏:19؛ روس. 2‏:24؛ 1كور. 15‏:5. \x* \v 42 ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. \x + \xo 10:42 \xt مات. 28‏:19؛ مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 15‏:16؛ روس. 17‏:31. \x* \v 43 بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.\x + \xo 10:43 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20؛ روس. 15‏:9. \x* \m \v 44 پېترۇس تېخى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ سۆز-كالامنى ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىگە چۈشتى. \x + \xo 10:44 \xt روس. 8‏:17. \x* \v 45 پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. \f □ \fr 10:45 \ft \+bd «خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر»\+bd* ــ (يوپپادىن كەلگەن) يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «يات ئەللەردىكىلەرگە»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە.\f* \v 46 چۈنكى ئۇلارنىڭ \add كارامەت نامەلۇم\add* تىللاردا سۆزلىشىپ خۇدانى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس:\x + \xo 10:46 \xt مار. 16‏:17؛ روس. 2‏:4. \x* \m \v 47 ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! ــ دېدى.\x + \xo 10:47 \xt روس. 8‏:36؛ 11‏:17. \x* \m \v 48 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى. \b \b \m \c 11 \s1 پېترۇسنىڭ «يات ئەللىكلەر»نىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى ئاقلىشى \m \v 1 روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار \add يات\add* ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. \v 2 شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان \add ئىشەنگۈچىلەر\add* ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ: \f □ \fr 11:2 \ft \+bd «يېرۇسالېمغا قايتقاندا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «يېرۇسالېمغا چىققاندا»\f* \m \v 3 ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى.\x + \xo 11:3 \xt مىس. 23‏:32؛ 34‏:15؛ قان. 7‏:2؛ يـۇھ. 18‏:28. \x* \m \v 4 بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ \v 5 مۇنداق دېدى: \m ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى.\x + \xo 11:5 \xt روس. 10‏:9. \x* \v 6 ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن. \v 7 ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. \v 8 مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم.\x + \xo 11:8 \xt لاۋ. 11‏:4؛ قان. 14‏:7. \x* \v 9 بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. \v 10 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى. \v 11 مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. \v 12 مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. \add قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ\add*، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. \f □ \fr 11:12 \ft \+bd «ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش...»\+bd* ــ ياكى «(يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەرنى) ھېچ ئايرىماي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش...». \+bd «مۇشۇ ئالتە قېرىنداش»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى ياففا شەھىرىدىن كەلگەن ئالتە قېرىنداشنىڭ شۇ چاغدا پېترۇسنىڭ ھەمراھلىقىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 11:12 \xt روس. 10‏:19؛ 15‏:7. \x* \v 13 بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، \v 14 ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.\f □ \fr 11:14 \ft \+bd «ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە قۇتقۇزۇش ۋاسىتە بولغان بىرنەچچە سۆزلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ».\f* \m \v 15 مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. \f □ \fr 11:15 \ft \+bd «مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك»\+bd* ــ روسۇل پېترۇسنىڭ «باشتا» دېگەن سۆزىدىن ئېنىقكى، ئۇ ۋە باشقا ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەنلىكى تولۇق بىر يېڭى باشلىنىش بولغانىدى.\f* \v 16 شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. \x + \xo 11:16 \xt يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:28-29؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 2‏:4؛ 19‏:4. \x* \v 17 شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟\x + \xo 11:17 \xt روس. 15‏:9. \x* \m \v 18 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: \m ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى. \b \m \s1 ئانتاكيا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار \m \v 19 ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. \f □ \fr 11:19 \ft \+bd «زىيانكەشلىككە ئۇچراپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچراپ...». \+bd «سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلار...»\+bd* ــ بۇ ئانتاكيا «سۇرىيەدىكى ئانتاكيا» ئىدى.\f*  \x + \xo 11:19 \xt روس. 8‏:1، 4. \x* \v 20 لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى. \f □ \fr 11:20 \ft \+bd «..رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى»\+bd* ــ «گرېكلەر» «يەھۇدىي ئەمەسلەر» ئىدى، ئەلۋەتتە.\f* \v 21 رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.\f □ \fr 11:21 \ft \+bd «...توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «...(«ئۆز يولىدىن») بۇرۇلۇپ رەبگە باغلاندى».\f*  \x + \xo 11:21 \xt روس. 2‏:47؛ 5‏:14. \x* \m \v 22 بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى. \f □ \fr 11:22 \ft \+bd «... شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى»\+bd* ــ مەقسىتى بەلكىم، ئەھۋالنى بىلىپ بېقىپ، ھەقىقىي ئېتىقادچىلار بولسا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىدى.\f* \v 23 بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. \f □ \fr 11:23 \ft \+bd «بارناباس ... خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆردى...»\+bd* ــ بۇ دېگەنلىكنىڭ بەلكىم كۆپ جەھەتلىرى باردۇر: ــ (1) ئادەملەر ھەقىقەتەن توۋا قىلىپ رەبگە باغلانسا بۇ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ زور نەتىجىسىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئېتىقادچىلاردا ھەرخىل مېۋە ــ مۇھەببەت، خۇشاللىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ؛ (3) جامائەتنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشى پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەنلا بولىدۇ.\f*  \x + \xo 11:23 \xt روس. 13‏:43؛ 14‏:22. \x* \v 24 چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى.\x + \xo 11:24 \xt روس. 4‏:36؛ 6‏:5. \x* \m \v 25 شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى. \x + \xo 11:25 \xt روس. 9‏:27. \x* \v 26 ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى.\f □ \fr 11:26 \ft \+bd «مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى»\+bd* ــ «خرىستىئانلار» دېگەن سۆز بەلكىم ئاۋۋال «خرېستوس» («ئەخمەق» دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن مەسخىرە خاراكتېرىدىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن ئاخىر بېرىپ ئاساسىي مەنىسى ياخشى چىقتى، يەنى «خرىستوسنىڭ (مەسىھنىڭ) ئادەملىرى». («مەسىھ» بولسا ئىبرانىي تىلىدا «ماشىياھ» ــ گرېك تىلىدا «خرىستوس»).\f* \m \v 27 ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى. \v 28 بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى). \f □ \fr 11:28 \ft \+bd «ئاگابۇس... روھنىڭ ۋەھىيى بىلەن ئالدىن ئېيتتى»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 11:28 \xt روس. 21‏:10. \x* \v 29 بۇنىڭ بىلەن \add ئانتاكيادىكى\add* مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى»\+bd* ــ نېمىشقا ئۇلار يەھۇدىيەدىكى قېرىنداشلارغا ئالاھىدە ياردەم ئەۋەتمەكچى؟ (1) يەھۇدىي قېرىنداشلار ئاۋۋال خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئالغا سۈرتۈش ئۈچۈن كۆپ يەرلەرنى سېتىۋەتكەنىدى («روس.» 2-باب)؛ (2) يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە بولغان زىيانكەشلىك بەك ئېغىر بولغاچقا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى بەلكىم ئاز ئەمەس ئىدى.\f* \v 30 ئۇلار بۇ قارارنى ئادا قىلىپ، ئىئانىنى بارناباس ۋە سائۇلنىڭ قولى ئارقىلىق \add يەھۇدىيەدىكى جامائەت\add* ئاقساقاللىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى.\x + \xo 11:30 \xt روس. 12‏:25. \x* \b \b \m \c 12 \s1 تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىكلەر \m \v 1 شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «ھېرود پادىشاھ»\+bd* ــ بۇ ھېرود «ھېرود ئاگرىپپا (I)» ئىدى. ھېرودلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.\f* \v 2 ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.\x + \xo 12:2 \xt مات. 4‏:21. \x* \v 3 ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى). \v 4 پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى.\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «پاسخا ھېيت»\+bd* ــ يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى».\f*  \x + \xo 12:4 \xt يـۇھ. 21‏:18. \x* \v 5 شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. \b \m \s1 پېترۇسنىڭ زىنداندىن قۇتقۇزۇلۇشى \m \v 6 ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. \v 7 ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: \m ــ تېز تۇر! ــ دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.\x + \xo 12:7 \xt روس. 5‏:19؛ 16‏:26. \x* \v 8 پەرىشتە ئۇنىڭغا: \m ــ بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! ــ دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: \m ــ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! ــ دېدى. \m \v 9 پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ \add كامېردىن\add* چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى. \v 10 ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. \m \v 11 شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى. \m \v 12 ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. \v 13 ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. \v 14 ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە: \m ــ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى. \m \v 15 لېكىن ئۇلار: ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ: ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: \m ــ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى.\f □ \fr 12:15 \ft \+bd «ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك»\+bd* ــ ئۇلار «ئۆلگەن پېترۇسنىڭ روھى» ياكى «پېترۇسنى ئالاھىدە قوغدايدىغان بىر پەرىشتە» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 16 بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. \v 17 پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: \m ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.\f □ \fr 12:17 \ft \+bd «بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار»\+bd* ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە رەب ئەيسانىڭ ئىنىسى بولغان ياقۇپنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 12:17 \xt روس. 13‏:16؛ 19‏:33؛ 21‏:40. \x* \m \v 18 تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى. \v 19 ھېرود ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغاچقا، قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيەدىن چۈشۈپ قەيسەرىيە شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى. \b \m \s1 ھېرود ئاگرىپپا خاننىڭ ئۆلۈمى \m \v 20 ئەسلىدە ھېرود \add خان\add* بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار-يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى. \m \v 21 بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. \f □ \fr 12:21 \ft \+bd «ھېرود...ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى»\+bd* ــ ياكى «ھېرود... ئۇلارنى ئەيىبلەپ نۇنۇق سۆزلىدى». گرېك تىلىدا «نۇتۇق سۆزلەش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ بەزىدە «ئەيىبلەش» دېگەن پۇرىقى بار.\f* \v 22 ئاڭلىغان خەلق: \m ــ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! ــ دەپ ۋارقىراشتى. \m \v 23 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. \m نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى. \v 24 ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى. \f □ \fr 12:24 \ft \+bd «ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى»\+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئىدى.\f*  \x + \xo 12:24 \xt يەش. 55‏:11؛ روس. 6‏:7. \x* \v 25 بارناباس بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانى بىللە ئېلىپ باردى. \b \b \m \c 13 \s1 مۇقەددەس روھنىڭ بارناباس بىلەن سائۇلنى ئەۋەتىشى \m \v 1 ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى.\f □ \fr 13:1 \ft \+bd ««قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون»\+bd* ــ گرېك تىلىدا ««نېگىر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون». «نېگەر» دېگەن مەنىسى «قارا». \+bd «ھېرود خان»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «خان» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودلار پونتىي پىلاتۇسقا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.\f*  \x + \xo 13:1 \xt روس. 14‏:26. \x* \v 2 ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: \m ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 13:2 \xt مات. 9‏:38؛ روس. 9‏:15؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:1؛ 10‏:15؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11؛ ئىبر. 5‏:4. \x* \m \v 3 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.\x + \xo 13:3 \xt روس. 6‏:6؛ 8‏:15؛ 19‏:6. \x* \b \m \s1 بارناباس بىلەن سائۇل سىپرۇستا \m \v 4 ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى. \v 5 سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.\f □ \fr 13:5 \ft \+bd «يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى»\+bd* ــ يەنى ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننا.\f*  \x + \xo 13:5 \xt روس. 12‏:25. \x* \v 6 ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى.\x + \xo 13:6 \xt روس. 8‏:9؛ 19‏:13. \x* \v 7 ئۇ كىشى بۇ \add ئارالنىڭ\add* رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى. \v 8 لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى. \v 9 بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ \f □ \fr 13:9 \ft \+bd «سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)...»\+bd* ــ «پاۋلۇس» لاتىنچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «كىچىك». سائۇل مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا چاقىرىلغاچقا، بۇ مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن بۇ لاتىنچە ئىسىم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.\f* \v 10 ئۇنىڭغا: \m ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! \v 11 ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى. \m شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى. \v 12 يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ بىر سىناگوگتا رەبنىڭ تەلىمىنى بېرىشى \m \v 13 پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. \f □ \fr 13:13 \ft \+bd «ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى»\+bd* ــ مۇشۇ «يۇھاننا» بولسا يۇھاننا ماركۇس ئىدى.\f*  \x + \xo 13:13 \xt روس. 15‏:38. \x* \v 14 پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى. \v 15 تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: \m ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى. \m \v 16 پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى: \m ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار! \f □ \fr 13:16 \ft \+bd «ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار... »\+bd* ــ «خۇدادىن قورققانلار» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە تەۋرات ئېتىقادىدا بولغان «يات ئەللىكلەر» (يەھۇدىي ئەمەسلەر)نى كۆرسىتىدۇ. خەتنە قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارغا سىناگوگقا قاتنىشىشقا رۇخسەت بېرىلگەن.\f*  \x + \xo 13:16 \xt روس. 12‏:17؛ 19‏:33؛ 21‏:40. \x* \v 17 بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. \x + \xo 13:17 \xt مىس. 1‏:1. \x* \v 18 ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى \x + \xo 13:18 \xt مىس. 16‏:35؛ چۆل. 14‏:34؛ زەب. 95‏:10. \x* \v 19 ئاندىن قانائان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى. \x + \xo 13:19 \xt يە. 14‏:2. \x* \v 20 بۇ ئىشلارغا ئالدى-كەينى بولۇپ تەخمىنەن تۆت يۈز ئەللىك يىل كەتتى. كېيىن، تاكى سامۇئىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققىچە، ئۇ ئۇلارغا باتۇر ھاكىملارنى تىكلەپ بەردى. \x + \xo 13:20 \xt ھاك. 2‏:16؛ 3‏:9. \x* \v 21 ئاندىن ئۇلار بىزگە بىر پادىشاھنى بەرسىكەن، دەپ \add سامۇئىل پەيغەمبەردىن\add* تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تىكلەپ بەردى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈردى. \x + \xo 13:21 \xt 1سام. 8‏:5؛ 9‏:15؛ 10‏:15؛ ھوش. 13‏:11. \x* \v 22 بىراق \add خۇدا\add* سائۇلنى سەلتەنىتىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بەردى. خۇدا ئۇنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ: «كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەمنى، يەنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئىرادەمگە ئەمەل قىلىدۇ»، ــ دېدى. \x + \xo 13:22 \xt 1سام. 13‏:14؛ 16‏:12؛ زەب. 89‏:19-29؛ روس. 7‏:45. \x* \v 23 ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ــ ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! \m \v 24 ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا \add پەيغەمبەر\add* چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى \add بىلدۈرىدىغان\add* چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى. \x + \xo 13:24 \xt مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 3‏:2؛ يـۇھ. 3‏:23. \x* \v 25 يەھيا \add پەيغەمبەر\add* ۋەزىپىنى تاماملىغاندا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن. بىراق مانا، مەندىن كېيىن بىرسى كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئاياغ كەشلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»\f □ \fr 13:25 \ft \+bd «مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «مەن «ئۇ» ئەمەسمەن» ياكى «مەن «شۇ زات» ئەمەسمەن».\f*  \x + \xo 13:25 \xt مات. 3‏:11؛ يـۇھ. 1‏:20. \x* \v 26 ئەي قېرىنداشلار، ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار، بۇ نىجاتلىقنىڭ سۆز-كالامى سىلەرگە ئەۋەتىلدى! \f □ \fr 13:26 \ft \+bd «...ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار...»\+bd* ــ «خۇدادىن قورققانلار» ــ 16-ئايەت ۋە ئىزاھاتنىڭ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:26 \xt مات. 10‏:6؛ روس. 3‏:26؛ 13‏:46. \x* \v 27 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى \add ئەيسانى\add* تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. \f □ \fr 13:27 \ft \+bd «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئەيسانى تونۇماي...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئۇنى تونۇماي...».\f*  \x + \xo 13:27 \xt يـۇھ. 16‏:3؛ روس. 3‏:17؛ 1كور. 2‏:8؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 28 گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى.\x + \xo 13:28 \xt مات. 27‏:20؛ مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 19‏:6. \x* \v 29 ئۇلار \add بۇ\add* \add ئىشلارنى قىلىپ\add* مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى \add ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا\add* ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى. \v 30 لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! \x + \xo 13:30 \xt مات. 28‏:6؛ مار. 16‏:6؛ لۇقا 24‏:6. \x* \v 31 تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە \add نەچچە قېتىم\add* كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر \add ئىسرائىل\add* خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ.\x + \xo 13:31 \xt مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 21‏:1؛ روس. 1‏:3؛ 1كور. 15‏:5. \x* \m \v 32‏-33 بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى \add ئارىمىزدا\add* تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم». \f □ \fr 13:32‏-33 \ft \+bd «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم»\+bd* ــ «زەب.» 7:2. بەزى ئالىملار، بۇ بېشارەتتىكى «تىكلەش» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ «تىرىلدۈرۈپ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەتلەرنى نەقىل كەلتۈرىدىغان ئايەتلەر 34-35-ئايەتلەردۇر. شۇڭا زەبۇردىكى بۇ بېشارەت («زەب.» 7:2) ئۇنىڭ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.\f*  \x + \xo 13:32‏-33 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24،25؛ زەب. 2‏:7. \x* \v 34 ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!» \f □ \fr 13:34 \ft \+bd «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!»\+bd* ــ «يەش.» 2:55.\f*  \x + \xo 13:34 \xt يەش. 55‏:3. \x* \v 35 شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە: ــ «\add ئى خۇدا\add*، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن».\f □ \fr 13:35 \ft \+bd «ئى خۇدا، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن»\+bd* ــ «زەب.» 10:16. «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭ» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 13:35 \xt زەب. 16‏:10؛ روس. 2‏:27. \x* \m \v 36 چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى. \f □ \fr 13:36 \ft \+bd «داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،...»\+bd* ــ ياكى «داۋۇت دەرۋەقە ئۆز دەۋرىدە خۇدانىڭ مۇددىئا-مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،...». \+bd «ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «چىرىشلەرنى كۆردى». 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:36 \xt 1پاد. 2‏:10؛ روس. 2‏:29. \x* \v 37 لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى.\f □ \fr 13:37 \ft \+bd «لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى»\+bd* ــ «خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ئەيسانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 38 ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ. \f □ \fr 13:38 \ft \+bd «ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ»\+bd* ــ «دەل شۇ كىشى ئارقىلىق» ئەيسا ئارقىلىق، دېمەك.\f*  \x + \xo 13:38 \xt لۇقا 24‏:47؛ 1يۇھ. 2‏:12\x* \v 39 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ! \f □ \fr 13:39 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلار»\+bd* ــ «خالاس بولالمايدىغان ئىشلار» ھەرتۈرلۈك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ گۇناھنىڭ ئىلكىدىن خالاس بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى تەۋرات قانۇنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك قۇربانلىق قىلىش ۋە رەسىم-قائىدىلەردىن خالاس بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 13:39 \xt رىم. 3‏:28؛ 8‏:3؛ 10‏:4؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:19. \x* \v 40 شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ \m \v 41 «قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! \m چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، \m ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!»\f □ \fr 13:41 \ft \+bd «قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!»\+bd* ــ تەۋرات، «ھاب.» 5:1.\f*  \x + \xo 13:41 \xt يەش. 28‏:14؛ ھاب. 1‏:5. \x* \b \m \v 42 پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى. \v 43 سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.\x + \xo 13:43 \xt روس. 11‏:23؛ 14‏:22. \x* \m \v 44 كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. \v 45 بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى. \v 46 ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: \m ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر \add يەھۇدىي خەلقىگە\add* يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز \add سىلەردىن\add* بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز! \f □ \fr 13:46 \ft \+bd «مانا بىز سىلەردىن بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!»\+bd* ــ «ئەللەرگە يۈزلىنىمىز» ــ يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزلىنىمىز». دېمەك، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمىز.\f*  \x + \xo 13:46 \xt مىس. 32‏:10؛ يەش. 55‏:5؛ مات. 8‏:12؛ 10‏:6؛ 21‏:43؛ روس. 3‏:26؛ 13‏:26؛ رىم. 10‏:19. \x* \v 47 چۈنكى پەرۋەردىگار \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: ــ \m «مەن سېنى \add يات\add* ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، \m يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».\f □ \fr 13:47 \ft \+bd «مەن سېنى \+bd*\+bdit يات\+bdit* ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم» ــ «يەش.» 6:42 ۋە 6:49نى كۆرۈڭ؛ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «سېنى» مەسىهنى كۆرسىتىدۇ. بارناباس ۋە پاۋلۇس «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۈرگۈزمەكتە (1-باب، 1-ئايەت).\f*  \x + \xo 13:47 \xt يەش. 42‏:6؛ 49‏:6؛ لۇقا 2‏:32. \x* \b \m \v 48 ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى.\f □ \fr 13:48 \ft \+bd «بېكىتىلگەنلەر»\+bd* ــ ياكى «بەل باغلىغانلار» «مايىل قىلىنغانلار».\f* \m \v 49 شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى. \v 50 بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. \f □ \fr 13:50 \ft \+bd «بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ...»\+bd* ــ «خۇدادىن قورققان ئاياللار» بولسا تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي بولمىغان، سىناگوگتىكى ئىبادەتكە قاتنىشىدىغان ئاياللار. گەرچە ئۇلار «خۇدادىن قورققان» بولسىمۇ، مۇشۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئازدۇرۇلغان.\f*  \x + \xo 13:50 \xt 2تىم. 3‏:11. \x* \v 51 ئەمما پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. \f □ \fr 13:51 \ft \+bd «پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ،...»\+bd* ــ «ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىش» دېگەن ھەرىكەت «مۇناسىۋىتىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى» دېگەن ئاگاھنىڭ ئىپادىسى ئىدى. «مات.» 14:10، «مار.» 11:6، «لۇقا» 9:5نى كۆرۈڭ. \+bd «كونيا شەھىرى»\+bd* ــ ھازىرقى نام. كونا گرېكچە ئىسمى «ئىكونىئۇم» ياكى «ئىكونىئون». ئۇ ھازىرقى تۈركىيەدە.\f* \v 52 \add ئانتاكيادىكى\add* مۇخلىسلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلدى. \b \b \m \c 14 \s1 پاۋلۇس بىلەن بارناباس كونيا شەھىرىدە \m \v 1 كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى\f □ \fr 14:1 \ft \+bd «نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى»\+bd* ــ «گرېكلەر» بەلكىم شۇ يەردىكى ھەر مىللەتتىن بولغان «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 2 (ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار \add يات\add* ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). \v 3 شۇڭا \add پاۋلۇس بىلەن بارناباس\add* ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا \add خۇش خەۋەرنى\add* جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى.\x + \xo 14:3 \xt مار. 16‏:20؛ روس. 19‏:11؛ ئىبر. 2‏:4. \x* \v 4 بۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بەزىلىرى يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا روسۇللار تەرەپتە تۇردى.\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ...»\+bd* ــ ياكى «شەھەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ...».\f* \v 5 ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. \v 6‏-7 لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى.\x + \xo 14:6‏-7 \xt مات. 10‏:23؛ روس. 8‏:1. \x* \b \m \s1 لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرىدە \m \v 8 شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى.\x + \xo 14:8 \xt روس. 3‏:2. \x* \v 9 پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، \v 10 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ــ دېدى. \m ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. \v 11 لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: \m ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. \x + \xo 14:11 \xt روس. 28‏:6. \x* \v 12 ئۇلار بارناباسنى «ئىلاھ زېئۇس» دەپ ئاتاشتى ۋە پاۋلۇسنى سۆزلەشتە باشلامچى بولغاچقا ئۇنى «ئىلاھ ھېرمىس» دەپ ئاتاشتى. \f □ \fr 14:12 \ft \+bd «ئىلاھ زېئۇس»\+bd* ــ گرېكلەرنىڭ «باش ئىلاھ»ى («يۇپىتېر» دېگەن پلانېتا). \+bd «ئىلاھ ھېرمىس»\+bd* ــ ھېرمىس («مېركۇرىي» دېگەن پلانېتا) «ئىلاھلارنىڭ ئەلچىسى» دەپ قارىلاتتى.\f* \v 13 شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ \add بۇتخانىدىكى\add* كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. \v 14 لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: \m \v 15 ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز! \x + \xo 14:15 \xt يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ 124‏:8؛ 146‏:6؛ روس. 10‏:26؛ ۋەھ. 14‏:7؛ 19‏:10؛ 22‏:9. \x* \v 16 بۇرۇنقى دەۋرلەردە، ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنى ئۆز يوللىرىدا مېڭىشقا يول قويغان. \x + \xo 14:16 \xt زەب. 81‏:12\x* \v 17 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى. \x + \xo 14:17 \xt رىم. 1‏:19. \x* \m \v 18 ھەتتا ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئارانلا توسۇۋالدى. \m \v 19 لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. \x + \xo 14:19 \xt 2كور. 11‏:25. \x* \v 20 لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارناباس بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى. \b \m \s1 روسۇللارنىڭ سۇرىيەدىكى ئانتاكياغا قايتىپ كېلىشى \m \v 21 ئەمدى ئۇلار دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر جاكارلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى \add مەسىھگە\add* مۇخلىس بولۇشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. \v 22 ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى.\x + \xo 14:22 \xt مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ لۇقا 24‏:26؛ روس. 11‏:23؛ 13‏:43؛ 2تىم. 3‏:12. \x* \m \v 23 ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى. \v 24 ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. \v 25 ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى. \f □ \fr 14:25 \ft \+bd «...ئاتتاليا شەھىرىگە باردى»\+bd* ــ ئاتتاليا شەھىرى دېڭىز بويىدا ئىدى؛ ھازىرقى «ئانتالىيا».\f* \v 26 ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ، \add سۇرىيەدىكى\add* ئانتاكياغا قاراپ كەتتى. ئۇلار ئەسلىدە شۇ يەردە ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا \add جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىن\add* خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تاپشۇرۇلغانىدى.\x + \xo 14:26 \xt روس. 13‏:1. \x* \m \v 27 قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. \f □ \fr 14:27 \ft \+bd «خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركە ئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى»\+bd* ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر» دېگەن مەنىدە.\f* \v 28 ئۇلار ئۇ يەردە مۇخلىسلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى.\fig روسۇل پاۋلۇسنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان 1-سەپىرى|src="paul1mission-uara-01.jpg" size="span" ref="«روس.» 13، 14" \fig* \b \b \m \c 15 \s1 يېرۇسالېمدىكى سۈننەت توغرىسىدىكى يىغىن \m \v 1 شۇ چاغلاردا بەزىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، \add ئانتاكيادىكى\add* قېرىنداشلارغا: \m ــ سىلەر مۇسا \add پەيغەمبەرگە\add* تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! ــ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.\f □ \fr 15:1 \ft \+bd «سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر!»\+bd* ــ يەھۇدىيەدىن كەلگەنلەر ئاللىقاچان سۈننەت قىلىنغان يەھۇدىيلار، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 15:1 \xt يار. 17‏:10؛ لاۋ. 12‏:3؛ گال. 5‏:2. \x* \m \v 2 بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، \add قېرىنداشلار\add* پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتگەن.\x + \xo 15:2 \xt گال. 2‏:1. \x* \m \v 3 شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ \add ئېتىقاد\add* يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى.\f □ \fr 15:3 \ft \+bd «ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ...»\+bd* ــ «ئەللەر» يەنە «يەھۇدىي ئەمەسلەر» دېگەن مەنىدە. \+bd «ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ ئېتىقاد يولىغا كىرگەنلىكى...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا: «توۋا قىلىپ ئېتىقاد يولىغا كىرىش» دېگەن ئىبارە پەقەت بىرلا سۆز «بۇرۇلۇش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 4 پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئۇلار جامائەتتىكىلەر، روسۇللار ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق قىلغان ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ بەردى. \v 5 لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: \m ــ مۇشۇ \add يات ئەللىكلەرنى\add* خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى. \m \v 6 شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. \v 7 ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: \m ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار. \x + \xo 15:7 \xt روس. 10‏:20؛ 11‏:12. \x* \m \v 8 ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى.\x + \xo 15:8 \xt 1تار. 28‏:9؛ 29‏:17؛ زەب. 7‏:9؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12. \x* \v 9 شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى.\x + \xo 15:9 \xt روس. 10‏:43، 44. \x* \m \v 10 \add ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن\add*، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟! \x + \xo 15:10 \xt مات. 23‏:4. \x* \v 11 ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز.\f □ \fr 15:11 \ft \+bd «ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز» يەھۇدىي ئېتىقاچىلارنى، «ئۇلار» يەھۇدىي بولمىغان ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 15:11 \xt ئ‍ەف. 2‏:8؛ تىت. 3‏:4. \x* \m \v 12 \add بۇ سۆزدىن كېيىن\add*، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. \v 13 ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: \m ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! \v 14 باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. \f □ \fr 15:14 \ft \+bd «شىمېئون»\+bd* ــ پېترۇسنىڭ ئارامىي تىلىدىكى ئىسمى («سىمون» بولسا ئۇنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلىدۇر). \+bd «خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقى»\+bd* ــ «شاپائەت بىلەن يوقلاش» گرېك تىلىدا پەقەت «يوقلاش» دېگەن سۆزلا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 15 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ \m \v 16 ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن، \m ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. \m \v 17‏-18 شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» دەيدۇ بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەزەلدىن ئايان قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار!»\f □ \fr 15:17‏-18 \ft \+bd «شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر...»\+bd* ــ «جاھاندىكى باشقا ئىنسانلار» يەھۇدىي خەلقىدىن باشقا بارلىق ئەللەرنى كۆرستىدۇ. «مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق (يات) ئەللەر» «ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يات ئەللەر» ياكى «مەن ئىگىدارچىلىق قىلغان بارلىق ئەللەر» دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن... شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ»\+bd* ــ (16-17-ئايەت) بۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن بېشارەتلەر «ئام.» 11:9-12 ۋە «يەش.» 21:45دىن ئېلىنغان. ياقۇپ بۇ بېشارەتلەرنى «سېپتۇئاگىنت» LXX دېگەن گرېك تىلىدىكى تەرجىمىسىدىن ئالغان. «ئاموس»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:17‏-18 \xt ئام. 9‏:11،12. \x* \m \v 19 ــ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇلاسەم شۇكى، يات ئەللىكلەر ئارىسىدىن توۋا قىلىپ خۇداغا ئېتىقاد باغلىغانلارغا ئاۋارە-ئېغىرچىلىك سېلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ \v 20 پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. \f □ \fr 15:20 \ft \+bd «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇتلاردىن بۇلغانغان نەرسىلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ «نەرسىلەر» بەلكىم گۆش ۋە ھەرخىل يېمەك-ئىچمەكنى كۆرسەتسە كېرەك. گرېكلەر ئارىسىدا «ئاۋۋال بۇتلارغا ئاتالغان» يېمەكلىكنى يېيىش «ساۋابلىق ئىش» ياكى «قۇتلۇق ئىش» دەيدىغانلار كۆپ ئىدى.\f*  \x + \xo 15:20 \xt يار. 9‏:4؛ مىس. 20‏:3؛ 1كور. 8‏:1؛ 10‏:20؛ 1تېس. 4‏:3. \x* \v 21 چۈنكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھەر شەھەردە شابات كۈنىدە سىناگوگلاردا مۇسا \add پەيغەمبەر\add*نىڭ ئېيتقانلىرى ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئۆگىتىلىپ كەلگەن.\f □ \fr 15:21 \ft \+bd «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار...»\+bd* ــ (20-ئايەت) مۇشۇ ئۈچ پەرھىز تەۋرات قانۇنىدىن ئېلىنغان. ئېتىقاد قىلغان يات ئەللەرنىڭ بۇلارغا رىئايە قىلىشى ئۇلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى («جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن... نېرى بولۇڭلار»تىن باشقا) ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار جامائەتكە قاتنىشىشىدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقى، يەھۇدىي ئەمەس قېرىنداشلىرى بىلەن ئارىلىشىشى ئاسان قىلىنسۇن ئۈچۈن دېگەن مەقسەت بىلەن تاپشۇرۇلغان (21-ئايەتتىن روسۇللارنىڭ بۇ مەقسىتى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ «1كور.» 14:10-1:11نىمۇ كۆرۈڭ).\f* \b \m \s1 يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان خەت \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن روسۇللار، ئاقساقاللار، شۇنداقلا يېرۇسالېمدىكى پۈتكۈل جامائەتتىكىلەر ئۆز ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارناباس بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى. ئەسلىدە قېرىنداشلار ئىچىدە باشلامچى بولغان يەھۇدا (بارساباس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاسلار بۇنىڭغا تاللاندى. \m \v 23 خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ \add يېرۇسالېمدىكى\add* قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام! \m \v 24 ئارىمىزدىن بەزى كىشىلەر چىقىپ يېنىڭلارغا بېرىپ، سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق. \f □ \fr 15:24 \ft \+bd «... سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە: «... سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ، سۈننەت قوبۇل قىلىشىڭلار، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك دەپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 15:24 \xt گال. 2‏:4. \x* \v 25 شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشتا ئويلىرىمىز بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن تاللانغان بىرنەچچەيلەننى سۆيۈملۈك بارناباس ۋە پاۋلۇسىمىز بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. \v 26 بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر. \x + \xo 15:26 \xt روس. 13‏:50؛ 14‏:19. \x* \v 27 شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق. \v 28 گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: \v 29 ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. \m ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!»\x + \xo 15:29 \xt يار. 9‏:4؛ مىس. 20‏:3؛ لاۋ. 17‏:14؛ 1كور. 8‏:1؛ 1تېس. 4‏:3. \x* \m \v 30 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار \add قېرىنداشلار\add* تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. \f □ \fr 15:30 \ft \+bd «شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قېرىنداشلار تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۇلارنىڭ تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ...».\f* \v 31 ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى. \v 32 يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى. \v 33 \add يەھۇدا ۋە سىلاسلار\add* ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن \add يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ\add* قېشىغا قايتتى. \f □ \fr 15:33 \ft \+bd «يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن»\+bd* ــ «يەھۇدا ۋە سىلاسلار» گرېك تىلىدا «ئۇلار».\f* \v 34‏-35 لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى. \b \m \s1 پاۋلۇس بىلەن بارناباسنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى \m \v 36 لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا: \m بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى. \m \v 37 بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. \x + \xo 15:37 \xt مىس. 20‏:3. \x* \v 38 بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە \add داۋاملىق\add* سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى. \f □ \fr 15:38 \ft \+bd «رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە داۋاملىق سەپەر قىلمىغان ماركۇس...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە«رەبنىڭ خىزمىتىدە» گرېك تىلىدا پەقەت «خىزمەتتە» دېيىلىدۇ.\f* \v 39 شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. \v 40 پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى. \f □ \fr 15:40 \ft \+bd «پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى»\+bd* ــ پاۋلۇس ۋە بارناباس نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىلدى؟ قايسىسىنىڭ قارارى توغرا؟ «قوشۇمچە سۆزىمىز»دە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئازراق توختىلىمىز.\f* \v 41 ئۇ ئەمدى سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، \add ھەرقايسى جايلاردا\add* جامائەتلەرنى قۇۋۋەتلەندۈردى. \b \b \m \c 16 \s1 تىموتىينىڭ پاۋلۇس ۋە سىلاسقا قوشۇلۇشى \m \v 1 ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.\f □ \fr 16:1 \ft \+bd «مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى»\+bd* ــ كېيىنكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، «شۇ يەر» لىسترا ئىدى.\f* \v 2 لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. \v 3 پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى \add تىموتىينىڭ\add* ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى.\f □ \fr 16:3 \ft \+bd «بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ تىموتىينى خەتنە قىلىشى ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.\f*  \x + \xo 16:3 \xt 1كور. 9‏:20؛ گال. 2‏:3. \x* \v 4 ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار \add يات ئەللەرگە\add* بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇردى.\x + \xo 16:4 \xt روس. 15‏:20. \x* \v 5 شۇنداق قىلىپ، جامائەتلەر ئېتىقادتا كۈچەيتىلىپ، سانلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. \b \m \s1 ماكېدونىيەلىكنىڭ چاقىرىقى \m \v 6 مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ،\f □ \fr 16:6 \ft \+bd «مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ...»\+bd* ــ فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرى ئاسىيانىڭ بىر قىسمى ئىدى ــ پاۋلۇس شۇ يەردىن ئۆتكىنى بىلەن خۇدانىڭ سۆزىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردە توختىمىدى.\f* \v 7 مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى.\f □ \fr 16:7 \ft \+bd «مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى»\+bd* ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، كېيىنرەك روسۇل پېترۇس دەل مۇشۇ رايونلارنىڭ بەزى يەرلىك كىشىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى (2پېت.» 1:1نى كۆرۈڭ). شۇڭا مۇمكىنچىكلىكى باركى، پاۋلۇسلار مۇشۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، پېترۇس شۇ يەردە ئىدى ياكى پات ئارىدا شۇ يەرلەرگە كەلمەكچى ئىدى. پاۋلۇسمۇ كېيىن گالاتىيا دېگەن رايونغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، بىر جامائەت بەرپا قىلىندى (23:18 ۋە «گال.» 13:4نى كۆرۈڭ).\f* \v 8 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە چۈشتى.\x + \xo 16:8 \xt 2كور. 2‏:12. \x* \v 9 شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: \m ــ \add دېڭىزدىن\add* ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن! ــ دەپ ئۆتۈندى.\f □ \fr 16:9 \ft \+bd «دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن!»\+bd* ــ ماكېدونىيە رىم ئىمپېرىيەسىدىكى گرېتسىيەگە جايلاشقان «ماكېدونىيە ئۆلكىسى» ئىدى.\f* \m \v 10 ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق.\f □ \fr 16:10 \ft \+bd «ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن باشلاپ «\+bd بىز\+bd*» دەپ بايان قىلىشنىڭ سەۋەبى ــ مۇشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى لۇقا مۇشۇ يەردە پاۋلۇسلارغا قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 لىديانىڭ ئېتىقاد قىلىشى \m \v 11 بىز كېمىگە چىقىپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سامودراك ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق ۋە ئەتىسى \add ماكېدونىيەدىكى\add* نېئاپولىس شەھىرىگە يېتىپ باردۇق. \v 12 ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. \f □ \fr 16:12 \ft \+bd «ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى»\+bd* ــ فىلىپپى دېڭىز بويىكى نېئاپولىستىن 16 كىلومېتر يىراقلىقتا ئىدى. «رىمدىكى مۇستەملىكە» ــ بىۋاسىتە رىم ھۆكۈمىتى ئۆزى باشقۇرغان، ئاھالىسى «رىم گراژدانلىق» ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىغا ئىگە ئىدى.\f* \v 13 شابات كۈنى، \add شەھەر\add* دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق؛ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە يىغىلغان ئاياللارغا سۆزلەشكە باشلىدۇق. \f □ \fr 16:13 \ft \+bd «شابات كۈنى، شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق»\+bd* ــ ئەھۋالغا قارىغاندا فىلىپپى شەھىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ بىرمۇ سىناگوگى يوق ئىدى («سىناگوگ»نىڭ ئاساسى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئون يەھۇدىي ئەركەك كىشى بىر-بىرىگە قوشۇلۇشى كېرەك). ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئاياللار (بەلكىم يەھۇدىي ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەر، يەنى «خۇدانىڭ قورققانلار») ھەر شابات كۈنى تەۋراتتىن ئېلىنغان سۆزلەر بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا يىغىلاتتى.\f* \v 14 ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى. \f □ \fr 16:14 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى»\+bd* ــ «خۇدادىن قورقىدىغان» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە، لىديانىڭ يەھۇدىي ئەمەس، ئەمما تەۋرات ئېتىقادىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 15 ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ: \m ــ ئەگەر سىلەر مېنى \add ھەقىقەتەن\add* رەبگە ئېتىقاد قىلغۇچى دەپ بىلسەڭلەر، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭلار! ــ دەپ چىڭ تۇرۇپ بىزنى ماقۇللاتتى.\x + \xo 16:15 \xt يار. 19‏:3؛ 33‏:11؛ ھاك. 19‏:21؛ لۇقا 24‏:29؛ ئىبر. 13‏:2. \x* \b \m \s1 پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى \m \v 16 بىر كۈنى بىز شۇ دۇئا قىلىدىغان جايغا كېتىپ بارغىنىمىزدا، بىر دېدەك بىزگە يولۇقتى؛ بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى؛ دېدەك خوجايىنلىرىغا پال سېلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پايدا تېپىپ بەرگەنىدى. \f □ \fr 16:16 \ft \+bd «بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى»\+bd* ــ «پال سالغۇچى بىر جىن» گرېك تىلىدا «پىتون روھى». «پىتون» يوغان يىلان بولۇپ، گرېكلارنىڭ رىۋايەتلىرى بويىچە ئۇ دەلفى شەھىرىدىكى بۇتخانىدا تۇرۇپ، پالچىلىق سىرلىرىنى باشقۇراتتى.\f*  \x + \xo 16:16 \xt 1سام. 28‏:7؛ روس. 19‏:24. \x* \v 17 ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: \m ــ بۇ كىشىلەر ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ قۇللىرى، ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ! ــ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.\f □ \fr 16:17 \ft \+bd «...ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ!»\+bd* ــ ياكى «...ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق يولىنى جاكارلايدۇ!».\f* \m \v 18 ئۇ ئۇدا كۆپ كۈنلەر شۇنداق ۋارقىرىدى. بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ، ئۇ قىزغا بۇرۇلۇپ، جىنغا: \m ــ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 16:18 \ft \+bd «بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «قەلبىنى ئازابلاش» دېگەن سۆز ھەم دەرد، بىزارلىق ۋە خاپىچىلىقنى (دېگەن مەنىلەرنى) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «جىن شۇئان چىقىپ كەتتى»\+bd* ــ ياكى «جىن شۇ سائەت ئىچىدە چىقىپ كەتتى».\f*  \x + \xo 16:18 \xt مار. 16‏:17. \x* \m \v 19 دېدەكنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنىڭغا باغلىغان پۇل تېپىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قول سېلىپ، ئۇلارنى بازار مەيدانىغا سۆرەپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. \x + \xo 16:19 \xt 2كور. 6‏:5. \x* \v 20 ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: \m ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە. \x + \xo 16:20 \xt 1پاد. 18‏:17؛ روس. 17‏:6. \x* \v 21 بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە-يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى. \m \v 22 توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. \x + \xo 16:22 \xt 2كور. 11‏:25؛ 1تېس. 2‏:2. \x* \v 23 ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى. \v 24 ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى. \m \v 25 تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. \x + \xo 16:25 \xt روس. 4‏:31. \x* \v 26 تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. \x + \xo 16:26 \xt روس. 5‏:19؛ 12‏:7. \x* \v 27 گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.\f □ \fr 16:27 \ft \+bd «گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ... مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى»\+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى بويىچە مەھبۇسلارنى قاچۇرۇپ قويغان ئەسكەرلەر ياكى گۇندىپايلار ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى.\f* \m \v 28 لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا: \m ــ ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! ــ دەپ ۋارقىرىدى. \m \v 29 گۇندىپاي: چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. \v 30 ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: \m ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 16:30 \xt لۇقا 3‏:10؛ روس. 2‏:37؛ 9‏:6. \x* \m \v 31 رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار.\f □ \fr 16:31 \ft \+bd «رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ!»\+bd* ــ گۇندىپاينىڭ «قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئالنى قويۇشىدا، ئۇ بەلكىم «قۇتقۇزۇلۇش»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئانچە چۈشەنىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى روھىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇشى ئىدى.\f*  \x + \xo 16:31 \xt يـۇھ. 3‏:16،36؛ 6‏:47؛ 1يۇھ. 5‏:10. \x* \m \v 32 شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. \v 33 كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا \add گۇندىپاي\add* ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛ \v 34 ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى.\x + \xo 16:34 \xt لۇقا 5‏:29؛ 19‏:6. \x* \m \v 35 ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ: \m ــ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. \m \v 36 گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ: \m ــ سوراقچى ئەمەلدارلار ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش يارلىقىنى چۈشۈردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقىپ، تىنچ-ئامان يولۇڭلارغا چىقىڭلار، ــ دېدى. \m \v 37 بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: \m ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 16:37 \ft \+bd «بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى»\+bd* ــ رىملىق پۇقرالارغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھەربىر باسقۇچى رىم قانۇنىغا خىلاپ ئىدى.\f* \m \v 38 ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى سوراقچى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار ئىككىيلەننىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى؛ \v 39 ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا \add زىندانغا\add* بېرىپ، ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى.\x + \xo 16:39 \xt مات. 8‏:34. \x* \m \v 40 ئىككىيلەن زىنداندىن چىقىشى بىلەن لىديانىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئاندىن ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يولغا چىقىپ كەتتى. \b \b \m \c 17 \s1 تېسالونىكا شەھىرىدىكى توپىلاڭ \m \v 1 ئۇلار سەپىرىنى داۋام قىلىپ ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، تېسالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگى بار ئىدى.\f □ \fr 17:1 \ft \+bd «تېسالونىكا شەھىرى»\+bd* ــ «تېسالونىكا» ھازىرقى سالونىكا شەھىرى. \+bd «ئۇلار ... تېسالونىكا شەھىرىگە كەلدى»\+bd* ــ مۇشۇ بابتا «بىز» ئەمەس، بەلكى «ئۇلار» دېيىلگەچكە، لۇقانى پاۋلۇسلاردىن بىر مەزگىل ئايرىلغان، دەپ قارايمىز.\f* \v 2 پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ شابات كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغانلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلەپ مۇنازىرىلىشىپ، \v 3 ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتقاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى مۇقەررەر دەپ چۈشەندۈردى ھەم ئىسپاتلىدى ۋە: ــ مەن سىلەرگە جاكارلىغان مۇشۇ ئەيسا دەل مەسىھنىڭ ئۆزى شۇ! ــ دېدى.\x + \xo 17:3 \xt زەب. 22‏:6. 22؛ مات. 16‏:21؛ لۇقا 24‏:46. \x* \m \v 4 \add يەھۇدىيلارنىڭ\add* ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى.\f □ \fr 17:4 \ft \+bd «... شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى»\+bd* ــ «خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەر» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە، تەۋرات ئېتىقادىدا بولغان گرېكلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 17:4 \xt روس. 28‏:24. \x* \v 5 بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق \add كېڭەشمىسىگە\add* تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى. \v 6 لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: \m ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛\x + \xo 17:6 \xt روس. 16‏:20. \x* \v 7 ياسون ئۇلارنى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ جاكارلاپ، قەيسەرنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.\x + \xo 17:7 \xt لۇقا 23‏:2؛ يـۇھ. 19‏:12. \x* \m \v 8 ئۇلار بۇ سۆزلەر بىلەن خالايىقنى ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. \v 9 ئەمەلدارلار ياسون ۋە باشقا تۇتۇپ كېلىنگەنلەردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇۋەتتى. \b \m \s1 بېرىيا شەھىرىدە \m \v 10 قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. \f □ \fr 17:10 \ft \+bd «قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى»\+bd* ــ «شۇ كۈنى كېچىدە» ياكى «شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا».\f*  \x + \xo 17:10 \xt روس. 9‏:25. \x* \v 11 ئۇ يەردىكى \add سىناگوگدىكىلەر\add* تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى. \x + \xo 17:11 \xt يەش. 34‏:16؛ لۇقا 16‏:29؛ يـۇھ. 5‏:39. \x* \v 12 نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى. \f □ \fr 17:12 \ft \+bd «شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇنداقلا ئاز بولمىغان گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى».\f* \v 13 لېكىن تېسالونىكادىكى يەھۇدىيلار خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ پاۋلۇس ئارقىلىق بېرىيادىمۇ جاكارلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگىمۇ بېرىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ئاممىنى قۇتراتتى. \x + \xo 17:13 \xt 1تېس. 2‏:14. \x* \v 14 شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى. \v 15 پاۋلۇسنى ئۇزىتىپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ باردى. ئاندىن ئۇلار پاۋلۇسنىڭ: \m ــ «سىلەر سىلاس بىلەن تىموتىيغا مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزراق كەلسۇن دەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭلار» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، \add بېرىياغا\add* قايتىپ كەلدى.\x + \xo 17:15 \xt روس. 18‏:5. \x* \b \m \s1 ئافىنا شەھىرىدە \m \v 16 پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، روھى قاتتىق ئازابلاندى. \v 17 شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى. \f □ \fr 17:17 \ft \+bd «ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ... بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەتتى»\+bd* ــ «خۇدادىن قورقىدىغانلار» تەۋرات ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 18 «ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر: \m ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. \m يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن: \m ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى. \f □ \fr 17:18 \ft \+bd ««ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى»\+bd* ــ «ئېپىكۇرلار»: «لەززەت»نى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەرتۈرلۈك «ئىلاھ» ۋە «ئاخىرەت» دېگەنلەرگە قارشى ئىدى. «ستوئىكلار» بولسا «پەزىلەت»نى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە مەسئۇل بولۇپ، «پەزىلەت»كە لەززەت ياكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قارىماي ئىنتىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەيتتى. \+bd «ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ!»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ «يات ئىلاھلار» دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى «ئەيسا» ۋە «تىرىلىش» ئىدى ــ ئۇلار بۇلارنى «ئىككى ئىلاھ» دەپ ئويلاپ قالغانىدى.\f* \v 19 شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى ئېلىپ «ئارېئوپاگۇس» دېگەن \add كېڭەش\add* مەيدانىغا ئاپىرىپ: \m ــ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىمىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ بىلسەك قانداق؟ \v 20 چۈنكى سەن بەزى غەيرىي ئىشلارنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈۋاتىسەن، بىز ئۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈمىز بار، ــ دېيىشتى \v 21 (ئەمدى ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنى بىرەر يېڭىلىقنى يەتكۈزۈش ياكى ئاڭلاشتىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلمايتتى). \v 22 شۇڭا پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: \m ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن-ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم. \f □ \fr 17:22 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن-ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «جىن-ئىلاھلار» «جىنلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنەتتى. چۈنكى كۆپ گرېكلار جىنلار بىلەن ئىلاھلارنىڭ چوڭ پەرقى يوق، جىنلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بار، دەپ ئىشىنەتتى.\f* \v 23 چۈنكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ تاۋاپگاھلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، ئۈستىگە «نامەلۇم بىر خۇداغا ئاتالغان» دەپ پۈتۈلگەن بېغىشلىمىسى بار يەنە بىر قۇربانگاھنى كۆردۈم. ئەمدى مەن سىلەر تونۇماي تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان شۇ \add خۇدانى\add* مانا ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ جاكارلاي. \m \v 24 پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ، \x + \xo 17:24 \xt يار. 1‏:1؛ 2تار. 6‏:30؛ زەب. 33‏:6؛ 124‏:8؛ 146‏:6؛ يەش. 66‏:1؛ روس. 7‏:48؛ 14‏:15؛ ۋەھ. 14‏:7. \x* \v 25 ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا \add ئېھتىياجلىق بولغان\add* ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ. \x + \xo 17:25 \xt يار. 2‏:7. \x* \v 26 ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. \f □ \fr 17:26 \ft \+bd «ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ بىر قاندىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى». \+bd «\+bd*\+bdit خۇدا\+bdit*... ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەرنى.... ئالدىن بەلگىلەپ بەردى» ــ «ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر» مەنىسى بەلكىم «ئۇلارنىڭ راۋاج تېپىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋاقىتلىرى» دېگەندەك.\f*  \x + \xo 17:26 \xt قان. 32‏:8. \x* \v 27 بۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىنسانلار مېنى ئىزدىسۇن، بەلكىم سىلاشتۇرۇپ تاپسۇن» دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچقايسىمىزدىن يىراق ئەمەس. \v 28 چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!». \f □ \fr 17:28 \ft \+bd «ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!»»\+bd* ــ شائىر ئاراتۇسنىڭ يازمىلىرىدىن ئېلىنغان (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 310-245 يىللاردا).\f* \v 29 شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك.\x + \xo 17:29 \xt يەش. 40‏:18. \x* \m \v 30 شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا! \x + \xo 17:30 \xt لۇقا 24‏:47. \x* \v 31 چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى. \m \v 32 \add پاۋلۇسنىڭ\add* «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندا بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: \m ــ بۇ ئىش ھەققىدە سەندىن يەنە ئاڭلايلى، ــ دېدى. \m \v 33 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس مەيداندىن چىقىپ كەتتى. \v 34 بىراق بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئارېئوپاگۇس» كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.\fig روسۇل پاۋلۇسنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان -2سەپىرى|src="paul2mission-uara-01.jpg" size="span" ref="«روس.» 36:15-22:18" \fig* \b \b \m \c 18 \s1 كورىنت شەھىرىدە \m \v 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن ئايرىلىپ كورىنت شەھىرىگە باردى. \v 2 ئۇ ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىللانى ئۇچراتتى. ئۇلار \add رىم\add* \add ئىمپېراتورى\add* كلاۋدىيۇسنىڭ بارلىق يەھۇدىيلار رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن يارلىقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ،\x + \xo 18:2 \xt رىم. 16‏:3؛ 1كور. 16‏:19؛ 2تىم. 4‏:19. \x* \v 3 ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى).\f □ \fr 18:3 \ft \+bd «ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى)»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ خەتلىرىدە، ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ جېنىنى بېقىش ئۈچۈن جامائەتلەرنىڭ قولىغا قارىماي، بەلكى ئۆز قولى بىلەن ئىشلىشىنى پات-پات تىلغا ئالىدۇ. مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ كەسپى چېدىرچىلىق ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.\f*  \x + \xo 18:3 \xt روس. 20‏:34؛ 1كور. 4‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. \x* \v 4 ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى \add خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا\add* قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.\f □ \fr 18:4 \ft \+bd «ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى»\+bd* ــ «مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى» دېگەن سۆزلەر گرېكچىدە پەقەت بىرلا سۆز بىلەن ئىپلادىلىنىدۇ. «خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا» دېگەن سۆزلەرنى جۈملىنى چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كىرگۈزدۇق.\f* \m \v 5 بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا: ــ ئەيسا ــ مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەردى.\f □ \fr 18:5 \ft \+bd «بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا... گۇۋاھلىق بەردى»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ روھلاندۇرۇلۇشىغا بەلكىم ئۈچ مۇھىم تۈرتكە بار ئىدى: ــ \fp (1) ئۇ سىلاس ۋە تىموتىيدىن تېسالونىكادىكى قېرىنداشلار ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى («1تېس.» 6:3)؛ \fp (2) ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەر، بولۇپمۇ فىلىپپى جامائىتى خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىقتىسادىي ياردەمنى سىلاس ۋە تىموتىيلار ئېلىپ كەلگەنىدى («2كور.» 5:1؛ «فىل.» 15:4). شۇ ياردەم بىلەن ئۇ بەلكىم پۈتۈن ۋاقتىنى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلالايتتى. \fp (3) ئۇ ماكېدونىيەدە بولغان ۋاقىتلىرىدا كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاچقا، ھەم ئافىنا شەھەردىكىلەرنىڭ سۆز-كالامغا بولغان سوغۇقلۇقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆپ سېزىۋالدى («1كور.» 1:2-4). لېكىن سىلاس ۋە تىموتىينىڭ ھەمراھلىقىدىن تەسەللى-رىغبەت ئېلىپ كۆپ روھلاندۇرۇلدى.\f*  \x + \xo 18:5 \xt روس. 17‏:15. \x* \v 6 لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: \m ــ ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن! مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن! بۈگۈندىن باشلاپ، مەن \add سىلەردىن بۇرۇلۇپ\add* يات ئەللىكلەرگە بارىمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 18:6 \ft \+bd «ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ...»\+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى چىقىپ...». \+bd «بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس كىيىملىرىنى قېقىپ...». پاۋلۇسنىڭ «پېشىنى قېقىش»ى «سىلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار يوق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىشارەت ئىدى. \+bd «ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن»\+bd* ــ بۇ دېگەنلىك، سىلەر خۇدانىڭ نىجاتلىق يولىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئاقىۋىتىڭلارغا ئۆزۈڭلار جاۋابكار» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 18:6 \xt مات. 10‏:14؛ روس. 13‏:51. \x* \m \v 7 بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆيى سىناگوگنىڭ يېنىدا ئىدى.\f □ \fr 18:7 \ft \+bd «تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشى»\+bd* ــ «خۇدادىن قورقىدىغان» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق 26:13دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 8 ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.\f □ \fr 18:8 \ft \+bd «نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى»\+bd* ــ «بۇ خەۋەر»: (1) سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى (2) پاۋلۇسنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى چۈشەنچە توغرىدۇر.\f*  \x + \xo 18:8 \xt 1كور. 1‏:14. \x* \m \v 9 رەب كېچىدە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئۇنىڭغا: \m ــ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە، \x + \xo 18:9 \xt روس. 23‏:11. \x* \v 10 چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە. ھېچكىم ساڭا قول سېلىپ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار، ــ دېدى. \m \v 11 شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يىل ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆگەتتى. \m \v 12‏-13 ئەمما گاللىيو ئاخايا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ گاللىيونىڭ «سوراق تەختى»نىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: \m بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قايىل قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى.\f □ \fr 18:12‏-13 \ft \+bd «ئاخايا ئۆلكىسى»\+bd* ــ گرېتسىيەنىڭ مۇھىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. گاللىيو شۇ ئۆلكىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتى مىلادىيەدىن كېيىنكى 51-52-يىللار ئىدى.\f* \m \v 14 پاۋلۇس ئاغزىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي گاللىيو يەھۇدىيلارغا: \m ــ دەرۋەقە، ئى يەھۇدىيلار، بۇ شىكايىتىڭلار بىرەر ناھەقلىق ياكى ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولغان بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سالسام ئورۇنلۇق بولاتتى. \v 15 بىراق بۇ ئىش \add پەقەت\add* بەزى نام-ئىسىملار، سۆزلەر ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ \add تەۋرات\add* قانۇنىڭلار ئۈستىدە تالاش-تارتىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار! مەن بۇنداق ئىشلارغا سوراقچى بولمايمەن! ــ دېدى. \v 16 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى سوراق تەختى ئالدىدىن ھەيدەپ چىقاردى. \m \v 17 خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. بىراق \add ۋالىي\add* گاللىيو بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.\f □ \fr 18:17 \ft \+bd «خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى»\+bd* ــ سوستېنىسنىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ۋاقتى نامەلۇم («1كور.» 1:1نى كۆرۈڭ). يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۇنداق ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس؛ ئۇ مەسىھگە ئېتىقاد قىلغۇچى بولغانلىقتىن ياكى سىناگوگتىكىلەر ئۆز ئەرزىنىڭ نەتىجىسىز بولۇپ چىققانلىقىدىن خاپا بولۇپ، سىناگوگ رەئىسىدىن ئاچچىقىنى چىقىرىۋالماقچى بولسا كېرەك.\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيا شەھىرىگە قايتىپ كېلىشى \m \v 18 پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە يەنە كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلالارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيەگە قاراپ كەتتى. \add يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى\add* ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى. \f □ \fr 18:18 \ft \+bd «كەنقرىيا شەھىرى»\+bd* ــ كورىنتنىڭ پورت شەھىرى بولۇپ كورىنتتىن يەتتە كىلومېتر يىراققا جايلاشقانىدى. \+bd «يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى»\+bd* ــ پاۋلۇس نېمىشقا قەسەم قىلدى؟ ئالىملارنىڭ پىكىرلىرىدىن: (1) ئۇ كورىنت شەھىرىدە شۇنچە كۆپ ئادەملەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن بولغان خۇشاللىقىدىن، خۇداغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن؛ (2) يەنە بىر قېتىم يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي خەلقنى خۇش خەۋەرگە قايىل قىلىشقا تىرىشىپ ئۇلارغا مۇشۇ قەسىمى ئارقىلىق ئۆزىنى «مانا مەن سىلەردەك خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم» دەپ كۆرسىتىپ ئۇلارغا يېقىنلاشماقچى بولۇپ قەسەم قىلغان. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز. \fp بەزى ئالىملار قەسەم ئىچكۈچى ئاكۋىلادۇر، دەپ قارايدۇ.\f*  \x + \xo 18:18 \xt چۆل. 6‏:18؛ روس. 21‏:23. \x* \v 19 ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى \add شۇ يەردىكى\add* سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. \v 20 ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي، \v 21 «مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.\f □ \fr 18:21 \ft \+bd «مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ سۆزلەر تېپىلماي، پەقەت ««خۇدا بۇيرۇسا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 18:21 \xt 1كور. 4‏:19؛ ئىبر. 6‏:3؛ ياق. 4‏:15. \x* \m \v 22 ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، \add يېرۇسالېمغا\add* چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى. \f □ \fr 18:22 \ft \+bd «ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن...»\+bd* ــ ئىنجىلدا «يېرۇسالېمغا بېرىش» گرېك تىلىدا دائىم دېگۈدەك پەقەت «يېرۇسالېمغا چىقىش» دەيتتى. يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىش «چىقىش»، ئۇنىڭدىن كېتىش «چۈشۈش» بىلەن بىلدۈرۈلەتتى. پاۋلۇس قەسىمىنى ئادا قىلىپ چىقىش ئۈچۈنمۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ كېلىشى كېرەك.\f* \v 23 ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى. \b \m \s1 ئاپوللوسنىڭ ئەفەسۇس ۋە كورىنت شەھەرلىرىدە تەلىم بېرىشى \m \v 24 بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى. \f □ \fr 18:24 \ft \+bd «ئۇ ... مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ... مۇقەددەس يازمىلاردا كۈچلۈك بىر ئادەم ئىدى».\f*  \x + \xo 18:24 \xt 1كور. 1‏:12. \x* \v 25 ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا \add پەيغەمبەر\add*نىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى.\f □ \fr 18:25 \ft \+bd «ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى»\+bd* ــ دېمەك، ئاپوللوسنىڭ تەلىمى بەلكىم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى»، «مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ مېنىڭ كەينىمدىن كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن، شۇنداقلا «مەسىھ ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن»، دېگەن مەلۇماتلاردىن تەركىب تاپقان بولسا كېرەك. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلگىنى، تىرىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى بىلەن يېڭى دەۋر باشلىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قالغانىدى. 1:19-7 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 26 ئۇ سىناگوگدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى. \f □ \fr 18:26 \ft \+bd «پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ،...»\+bd* ــ ياكى «پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئايرىم ئېلىپ،...».\f* \v 27 كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، \add ئەفەسۇسلۇق\add* قېرىنداشلار \add ئاخايادىكى\add* مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارغا زور ياردەمدە بولدى. \f □ \fr 18:27 \ft \+bd «كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسۇسلۇق قېرىنداشلار ئاخايادىكى مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ــ «كېيىن، ئاپوللوسنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاخايىدىكى مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى».\f*  \x + \xo 18:27 \xt 1كور. 3‏:6. \x* \v 28 چۈنكى ئۇ خەلق-ئالەم ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلىشى بىلەن مەسىھنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. \b \b \m \c 19 \s1 پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە \m \v 1 ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە بەزى مۇخلىسلار بىلەن ئۇچرىشىپ،\f □ \fr 19:1 \ft \+bd «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى»\+bd* ــ ياكى «ئېگىزلىكلەر ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى».\f*  \x + \xo 19:1 \xt 1كور. 1‏:12\x* \v 2 ئۇلاردىن: \m ــ سىلەر ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردا، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.\f □ \fr 19:2 \ft \+bd «مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟». \+bd «ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز»\+bd* ــ مۇشۇ جاۋابنىڭ مەنىسى بەلكىم «مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنغىنى ياكى مۇقەددەس روھنىڭ ئىنسانلارغا كەلگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمىز» دېگەندەك بولسا كېرەك.\f* \m \v 3 پاۋلۇس يەنە: \m ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ بىز يەھيا \add پەيغەمبەر\add* يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار.\f □ \fr 19:3 \ft \+bd «ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟»\+bd* ــ ياكى «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە دەپ چۈمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟». \fp ئېنىقكى، شۇ كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا چۈمۈلدۈرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى چۈمۈلدۈرگۈزچى ئېتىقادچى ئۇلارغا «خۇدا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇقەددەس روھىنى سوۋغات قىلىپ ئاتا قىلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى مەسىھدە بولغان خۇش خەۋەر دەل شۇكى: (1) مەسىھنىڭ قۇربانلىقى بىلەن ئېتىقادچى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ (2) مەسىھنىڭ قۇربانلىقى بىلەن خۇدا ئېتىقادچى ئىنسانلارغا يېڭى بىر ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ مۇشۇ ھايات مۇقەددەس روھنىڭ ئىنساننىڭ قەلبىدە ماكان قىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. روسۇل پېترۇسنىڭ سۆزلىرىگە قاراڭ (38:2-39)، «1پېت.» 21:3 ۋە بۇ ئايەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. \+bd «بىز يەھيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق»\+bd* ــ ئۇلارنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا، ئۇلار مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى؛ مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار يەھيا پەيغەمبەرنىڭ توۋا قىلىشى ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق تەلىملىرىنى ئاپوللوستىن ئاڭلىغانىدى.\f* \m \v 4 پاۋلۇس: ــ يەھيا \add پەيغەمبەر\add* خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى.\x + \xo 19:4 \xt مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:4؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16. \x* \m \v 5 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى. \v 6 پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.\f □ \fr 19:6 \ft \+bd «...مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى»\+bd* ــ مۇقەددەس روھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان «نامەلۇم (كارامەت) تىللاردا سۆزلەش» ئىلتىپاتى بىلەن كىشىلەر ئۆز سۆزلىرىنى چۈشەنمىگەن ھالدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنىڭ سىرلىرىنى جاكارلايدۇ («1كور.» 2:14نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 19:6 \xt روس. 8‏:17؛ 11‏:15. \x* \m \v 7 ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى ئەركەك كىشى ئىدى. \m \v 8 پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا \add ئەفەسۇس شەھىرىدىكى\add* سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى. \v 9 لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا \add رەبنىڭ\add* يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. \f □ \fr 19:9 \ft \+bd «خالايىق ئالدىدا رەبنىڭ يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «رەبنىڭ يولى» گرېك تىلىدا پەقەت «يول» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (چۈنكى ئېتىقادنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر يوللا باردۇر. 2:9نىمۇ كۆرۈڭ). \+bd «تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى»\+bd* ــ «لېكسىيىخانا» ياكى «مەكتەپ»: بۇ بەلكىم پەلسەپە ئۆگىتىدىغان بىر مەكتەپ بولسا كېرەك. «مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش» ــ بەلكىم ئىشەنمىگەنلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىش (10-ئايەتنى كۆرۈڭ) ۋە ئىشەنگەنلەرگە كۆپرەك تەلىم بېرىش.\f*  \x + \xo 19:9 \xt 2تىم. 1‏:15. \x* \v 10 بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممەيلەن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىدى.\f □ \fr 19:10 \ft \+bd «يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن...»\+bd* ــ دېمەك، «يەھۇدىيلار بولسۇن، يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن...».\f* \b \m \s1 سكېۋانىڭ ئوغۇللىرى \m \v 11 خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى. \x + \xo 19:11 \xt مار. 16‏:20؛ روس. 14‏:3. \x* \v 12 كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى. \m \v 13 لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا: «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى. \f □ \fr 19:13 \ft \+bd ««جىنكەش» يەھۇدىيلار»\+bd* ــ مەخسۇس ئاتالمىش «جىن ھەيدەش قەسپى» ئارقىلىق پۇل تاپىدىغانلار. \+bd «ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «...ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قەسەم ئاستىدا بۇيرۇيمەن!».\f* \v 14 بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. \f □ \fr 19:14 \ft \+bd «بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى»\+bd* ــ ياكى «بۇ ئىشنى قىلغۇچىلار سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلى ئىدى».\f* \v 15 لېكىن \add ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان\add* يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن: \m ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى، \v 16 يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. \m \v 17 بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى. \v 18 نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى. \x + \xo 19:18 \xt مات. 3‏:6. \x* \v 19 سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب-پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ \add بىر يەرگە دۆۋىلەپ\add*، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. \f □ \fr 19:19 \ft \+bd «جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگە»\+bd* ــ بىر تەڭگىگە بىر قوي كېلەتتى. شۇڭا ھازىرقى بويىچە جەمئىي ئىككى يېرىم مىليون دوللارغا باراۋەر ئىدى (2006).\f* \v 20 شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.\x + \xo 19:20 \xt يەش. 55‏:11. \x* \b \m \s1 ئەفەسۇس شەھىرىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ \m \v 21 بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ: ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى.\f □ \fr 19:21 \ft \+bd «پاۋلۇس كۆڭلىدە... نىيەت باغلىدى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پاۋلۇس روھتا... نىيەت باغلىدى».\f*  \x + \xo 19:21 \xt رىم. 15‏:25؛ گال. 2‏:1. \x* \m \v 22 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى.\f □ \fr 19:22 \ft \+bd «ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ...»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ شۇنىڭ مەقسىتى ئۇلارنىڭ بەلكىم ئۆزىنى كۇتۈش ئۈچۈن ۋە بەلكىم ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىدى (1:20-3نى كۆرۈڭ).\f* \m \v 23 دەل شۇ چاغدا، \add ئەفەسۇس شەھىرىدە\add* \add رەبنىڭ\add* يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى. \f □ \fr 19:23 \ft \+bd «دەل شۇ چاغدا، ئەفەسۇس شەھىرىدە رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى»\+bd* ــ «رەبنىڭ يولى» گرېك تىلىدا پەقەت «يول» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 19:23 \xt 2كور. 1‏:8. \x* \v 24 ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە-ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى. \x + \xo 19:24 \xt روس. 16‏:16. \x* \v 25 دىمىترىي ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: \m ــ بۇرادەرلەر، بىزنىڭ گۈللىنىشىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ \v 26 ھازىر ھېلىقى پاۋلۇسنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ: «قول بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىلاھلار ئەمەس» دېيىش بىلەن، پەقەت ئەفەسۇستا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئازدۇرۇپ بۇراۋاتىدۇ. \x + \xo 19:26 \xt زەب. 115‏:4؛ يەر. 10‏:3. \x* \v 27 ئەمدى ھازىر بىزنىڭ بۇ سودىمىزغا بەتنام چاپلاش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈيۈك ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ ئەرزىمەس دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان \add بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ\add* شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ! ــ دېدى.\f □ \fr 19:27 \ft \+bd «پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ!»\+bd* ــ دىمىترىينىڭ «ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان-شەرىپى» دېگەن سۆزى بەلكىم ئارتېمىسنىڭ ھەيۋەتلىك بۇتخانىسىنىمۇ كۆرسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 28 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا-قايتا: \m ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. \m \v 29 بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەرمالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. خالايىق پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى. \f □ \fr 19:29 \ft \+bd «خالايىق ... گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى»\+bd* ــ ئارتېمىسنىڭ «بۈيۈك بۇتخانىسى» يوقاپ كەتتى، ئەمما بۇ سېرك مەيدانى بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت، ئۇنىڭغا 25000 كىشى سىغىدۇ.\f*  \x + \xo 19:29 \xt روس. 20‏:4؛ 27‏:2؛ كول. 4‏:10. \x* \v 30 پاۋلۇس خالايىق ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى، لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى. \v 31 ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى سېرك مەيدانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا جېكىلىدى. \m \v 32 ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. \v 33 يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، \add يەھۇدىيلارنى\add* ئاقلىماقچى بولدى. \f □ \fr 19:33 \ft \+bd «كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كۆپچىلىك بۇ ئىش ئۇنىڭغا باغلىق دەپ ئويلىدى» دېيىلىدۇ.\f* \v 34 بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا: \m ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى. \f □ \fr 19:34 \ft \+bd «بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى»\+bd* ــ خالايىق ئىسكەندەرنى پاۋلۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەم، نېمىلا بولمىسۇن يەھۇدىي بولغاچقا، بۇتپەرەسلىككە قارشى بولسا كېرەك، دېگەن ئويدا بولغان بولسا كېرەك.\f* \v 35 ئاخىردا، شەھەرنىڭ باش مىرزىسى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: \m ــ ئەي ئەفەسۇسلۇقلار! بىز ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ شەھىرىنىڭ بۈيۈك ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىم بار! \f □ \fr 19:35 \ft \+bd «ئارتېمىسنىڭ ... ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتى...»\+bd* ــ ياكى «ئارتېمىسنىڭ ... ئاسماندىن چۈشكەن تېشى...».\f* \v 36 بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. \v 37 چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە \add سوراققا تارتىشقا\add* ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس. \v 38 ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق تۇرماقتا ۋە سوراقچى ۋالىيلارمۇ بار. ئۇلار شۇ يەرلەردە بىر-بىرى بىلەن دەۋالاشسۇن؛ \v 39 ۋە باشقا بىرەر مەسىلىلىرىڭلار بولسا، رەسمىي سورۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. \v 40 بىز ئەمدى يەنە بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ ئەرز قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز؛ چۈنكى بۇ مالىمانچلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەچكە، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە! \m \v 41 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. \b \b \m \c 20 \s1 پاۋلۇسنىڭ ماكېدونىيە ۋە يۇنانغا قايتا بېرىشى \m \v 1 توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە قاراپ كەتتى.\f □ \fr 20:1 \ft \+bd «پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ،...» دېگەن سۆز دېيىلىدۇ.\f* \v 2 ئۇ شۇ ئەتراپتىكى يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى نۇرغۇن سۆز-تەلىملەر بىلەن رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ،\f □ \fr 20:2 \ft \+bd «يۇنان»\+bd* ــ ياكى «گرېتىسيە».\f* \v 3 ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيەگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى بىلىنىپ قېلىپ، ماكېدونىيە ئارقىلىق \add قۇرۇقلۇق بىلەن\add* قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. \v 4 ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلار بېرىيالىق پىررۇسنىڭ ئوغلى سوپاتېر، تېسالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىمۇسلار ئىدى.\x + \xo 20:4 \xt روس. 19‏:29؛ 21‏:29؛ 27‏:2؛ 1كور. 1‏:14؛ ئ‍ەف. 6‏:21؛ كول. 4‏:7،10؛ 2تىم. 4‏:12؛ تىت. 3‏:12. \x* \v 5 ئۇلار ئاۋۋال تروئاس شەھىرىگە بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى.\f □ \fr 20:5 \ft \+bd «ئۇلار ئاۋۋال تروئاس شەھىرىگە بېرىپ...»\+bd* ــ بەلكىم كېمىدە. \+bd «...بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى»\+bd* ــ «بىز» لۇقانىڭ يەنە پاۋلۇس بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 6 بىز بولساق «پېتىر نان ھېيتى» كۈنلىرىدىن كېيىن، فىلىپپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە يەتتە كۈن تۇردۇق. \m \v 7 ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى.\f □ \fr 20:7 \ft \+bd «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈن»\+bd* ــ يەنى «يەكشەنبە كۈنى». \+bd «بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا»\+bd* ــ «نان ئوشتۇش»: ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن نان ئوشتۇلىدۇ («كورىنتلار (1)» 20:11-34نى كۆرۈڭ).\f* \v 8 بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئۆيدە نۇرغۇن قارا چىراغلار يېنىپ تۇراتتى.\f □ \fr 20:8 \ft \+bd «بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئۆيدە نۇرغۇن قارا چىراغلار يېنىپ تۇراتتى»\+bd* ــ بۇ چىراغلارنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنىڭ ئۆينى قاپلىشى بىلەن 9-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئەۋتىكۇسنىڭ ئۇخلاپ قېلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 9 ئەۋتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇس سۆزلەپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇنى مۈگدەك بېسىۋاتقانىدى. ئاندىن ئۇ غەرق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بولغانىدى. \v 10 پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: \m ئازابلانماڭلار، ئۇ تىرىككەن! ــ دېدى. \x + \xo 20:10 \xt 1پاد. 17‏:21؛ 2پاد. 4‏:34. \x* \v 11 قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى. \v 12 \add تروئاستىكىلەر\add* بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى.\f □ \fr 20:12 \ft \+bd «ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى»\+bd* ــ ئەينى گرېك تېكىست: «ئۇلار تاپقان تەسېللى ئاز ئەمەس ئىدى».\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئەفەسۇس ئاقساقاللىرى بىلەن خوشلىشىشى \m \v 13 بىز بولساق پاۋلۇستىن بۇرۇن ئاسسوس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردۇق. چۈنكى پاۋلۇس شۇ يەرگە پىيادە باراي، سىلەر مەندىن ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مېنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى كۈتۈڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى. \v 14 ئاسسوستا ئۇ بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىز ئۇنى كېمىگە ئېلىپ مىتۇلىن شەھىرىگە كەلدۇق. \v 15 ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق. \f □ \fr 20:15 \ft \+bd «ۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. \+bd «ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ... ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق»\+bd* ــ بۇ سەپەر يولى ئەتەي ئەفەسۇس شەھىرىدىن ئۆتكەنىدى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 16 چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. \f □ \fr 20:16 \ft \+bd «ئورما ھېيتى»\+bd* ــ تەۋراتتا يەھۇدىي خەلقىگە بېكىتىلگەن تۆتىنچى ھېيت؛ ئۇ ھېيت «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دىن ئەللىك كۈن كېيىن بولغاچقا، گرېك تىلىدا «ئەللىكلىك ھېيت»مۇ دېيىلىدۇ. ھازىرقى كالېنداردىكى ۋاقىت بەلكىم 5-ئاي ئىدى. «لاۋ.» 23-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 20:16 \xt روس. 21‏:4،12. \x* \v 17 ئەمدى مىلېتۇس شەھىرىدىن ئەفەسۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنى چاقىردى. \v 18 ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: \m ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. \v 19 رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، \v 20 ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ، \v 21 يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.\x + \xo 20:21 \xt مات. 3‏:2؛ مار. 1‏:15؛ لۇقا 24‏:47. \x* \m \v 22 ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛ \f □ \fr 20:22 \ft \+bd «مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن»\+bd* ــ «روھتا باغلانغان ھالدا» ــ ئۇنى قوزغايدىغان بۇ تەسىرنىڭ ئۆز روھىدا ياكى مۇقەددەس روھتا بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. پاۋلۇسنىڭ بۇ نىيىتى بۇ ئىشتا توغرا ياكى توغرا ئەمەس؟ 4:21-ئايەتتىكى خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ شۇ قەتئىي نىيىتى توغرا ئەمەس، دەپ ئويلاشقا مايىل بولىمىز.\f* \v 23 پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە. \v 24 لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن. \x + \xo 20:24 \xt روس. 21‏:13؛ گال. 1‏:1؛ تىت. 1‏:3. \x* \v 25 مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم؛ ئەمدى مانا ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن ھېچكىم يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. \f □ \fr 20:25 \ft \+bd «مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى» گرېك تىلىدا پەقەت «پادىشاھلىق» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 26 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن. \f □ \fr 20:26 \ft \+bd « سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن»\+bd* ــ دېمەك، «ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىر كىشى خۇش خەۋەر ئاڭلاش پۇرسىتى بولماي، قۇتقۇزۇلمىغان بولسا مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن» دېگەندەك.\f* \v 27 چۈنكى مەن خۇدانىڭ تولۇق مەقسەت-ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتىن باش تارتمىدىم. \v 28 مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار! \f □ \fr 20:28 \ft \+bd «خۇدانىڭ... ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسى»\+bd* ــ «ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن» گرېك تىلىدا «ئۆزىنىڭكىنىڭ قېنى بىلەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 20:28 \xt ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14؛ 1پېت. 1‏:19؛ 5‏:2؛ ۋەھ. 5‏:9. \x* \v 29 چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، \x + \xo 20:29 \xt 2پېت. 2‏:1. \x* \v 30 ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. \x + \xo 20:30 \xt زەب. 41‏:9؛ مات. 16‏:21؛ روس. 1‏:17؛ 1يۇھ. 2‏:19. \x* \v 31 شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. \m \v 32 ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان سۆز-كالامىغا تاپشۇرىمەن. بۇ سۆز-كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ھەم پاك-مۇقەددەس قىلىنغان بارلىق خەلقى ئارىسىدا ئىلتىپات قىلىنىدىغان مىراستىن سىلەرنى نېسىپ قىلىشقا قادىردۇر. \f □ \fr 20:32 \ft \+bd «بۇ سۆز-كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ... قادىردۇر»\+bd* ــ سىلەرنىڭ «ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش» گرېك تىلىدا پەقەت «سىلەرنى قۇرۇش» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 33 مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كىيىم-كېچەك ياكى ئالتۇن-كۈمۈش تاما قىلىپ باقمىغانمەن. \x + \xo 20:33 \xt 1كور. 9‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13. \x* \v 34 سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. \x + \xo 20:34 \xt روس. 18‏:3؛ 1كور. 4‏:12؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. \x* \v 35 بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم. \m \v 36 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. \x + \xo 20:36 \xt روس. 21‏:5. \x* \v 37 ھەممەيلەن قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى؛ پاۋلۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قۇچاقلاپ، قىزغىن سۆيۈشتى. \v 38 ئۇلارنى ئەڭ ئازابلىغىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى.\fig روسۇل پاۋلۇسنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان -3سەپىرى|src="paul3mission-uara-01.jpg" size="span" ref="«روس.» 19:18، 20، 21، 23-28" \fig* \b \b \m \c 21 \s1 پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى \m \v 1 ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق.\f □ \fr 21:1 \ft \+bd «ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز»، «ئالدۇق» ۋە «باردۇق» دېگەن سۆزلەرگە قارىغاندا، لۇقا يەنە پاۋلۇسقا ھەمراھ بولدى.\f* \v 2 پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. \v 3 سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى.\f □ \fr 21:3 \ft \+bd «ئۇنى \+bd*\+bdit ، يەنى سىپرۇس ئارىلىنى\+bdit* سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ...» ــ دېمەك، «ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ...».\f* \v 4 ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى.\f □ \fr 21:4 \ft \+bd «ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى»\+bd* ــ «نەسىھەت قىلاتتىى» دېگەنلىكنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى «نەسىھەت قىلاتتىى». \fp \fp مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى. ئۇ ئاللىقاچان باشقا يەرلەردىكى مۇخلىسلاردىن مۇشۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان (23:20). لېكىن مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنىڭ ئۇنىڭغا «بارمىسۇن» دېگەن سۆزىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس، دەپ ئويلاشقا مايىلمىز.\f*  \x + \xo 21:4 \xt روس. 20‏:23؛ 21‏:12. \x* \v 5 بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن-بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. \v 6 قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى. \m \v 7 تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. \v 8 ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن \add يېرۇسالېمدىكى\add* «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق.\f □ \fr 21:8 \ft \+bd «بىز بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق»\+bd* ــ يېرۇسالېمدىكى «يەتتە خىزمەتكار» ــ 6-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:8 \xt روس. 6‏:5؛ 8‏:29. \x* \v 9 بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت-ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى. \x + \xo 21:9 \xt يو. 2‏:28-29؛ روس. 2‏:17. \x* \v 10 بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى. \x + \xo 21:10 \xt روس. 11‏:28. \x* \v 11 بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: \m ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ: ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى.\f □ \fr 21:11 \ft \+bd «يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ!»\+bd* ــ 21-36ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. پاۋلۇس رىملىقلارنىڭ سورىقىغا تارتىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئادەملىرىدىن بىرىنى يات ئەللىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى ئۆزلىرىگە بەك ئۇياتلىق ئىش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پاۋلۇسقا بولغان ئۆچمەنلىكى ناھايىتى ئېنىق تۇرىدۇ.\f*  \x + \xo 21:11 \xt روس. 20‏:23؛ 21‏:33. \x* \m \v 12 بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق. \v 13 لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: \m ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى. \m \v 14 بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: \m ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق.\x + \xo 21:14 \xt مات. 6‏:10؛ لۇقا 11‏:2؛ 22‏:42. \x* \m \v 15 بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق. \v 16 قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى.\f □ \fr 21:16 \ft \+bd «ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇلار بىزنى (يېرۇسالېمدىكى) ئۆيىدە كۈتمەكچى بولغان مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنى بىز بىلەن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى».\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ياقۇپ بىلەن كۆرۈشۈشى \m \v 17 يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. \v 18 ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. \v 19 پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. \v 20 بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا: \m ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا \add ئەمەل قىلىشقا\add* ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن. \v 21 ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا: «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا \add پەيغەمبەرگە\add* تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى. \v 22 ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ. \v 23 شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن: ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار. \f □ \fr 21:23 \ft \+bd «ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار»\+bd* ــ «قەسەم ئىچكەن» خۇدانىڭ ئالدىدا ئىچكەن؛ بۇ خۇدانىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن بولغان بولسا كېرەك. بۇنداق قىلىشى ئەمەلىيەتتە «يېڭى ئەھدە»گە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكى «كونا ئەھدە»گە ئائىت ئىش ئىدى.\f* \v 24 سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە \add تەۋراتتىكى\add* تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ \add قۇربانلىق\add* چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ. \f □ \fr 21:24 \ft \+bd «تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ...»\+bd* ــ «تازلىنىش» ــ ئىنرانىي تىلىدا بولسا «تاھارەت». \fp ياقۇپلار ئېيتقان شۇ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتايىن قىزغىن» بولغان يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بەلكىم پاۋلۇسنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشى بىلەن «ناپاك بولدى» دەپ قارىشى مۇمكىن ئىدى. \fp «ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ» ــ تەۋرات، «چۆل.» 13:6-20نى كۆرۈڭ. «نازارىيلار» خۇدا ئالدىدا دۇئاسىنىڭ ئىلتىجا قىلىنىشى ئۈچۈن ياكى تەشەككۈر ئېيتىشى ئۈچۈن چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋىتەتتى. قەسەمنىڭ مۆھلىتى توشقاندا، ئاۋۋال قۇربانلىق سۇنۇپ ئاندىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى.\f* \v 25 ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق.\x + \xo 21:25 \xt يار. 9‏:4؛ مىس. 20‏:3؛ روس. 15‏:23؛ 1كور. 8‏:1. \x* \m \v 26 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، \add كاھىنلارغا\add* ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.\f □ \fr 21:26 \ft \+bd «... پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ... ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى»\+bd* ــ بۇ ئىش، يەنە ياقۇپنىڭ تەشەببۇس قىلغىنى ھەمدە ئۇنىڭغا پاۋلۇسنىڭ قوشۇلۇشى، ئۇنىڭ بۇ تۆت كىشى بىلەن «تازىلىنىش»ى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 21:26 \xt روس. 24‏:6. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئىبادەتخانىدا تۇتقۇن قىلىنىشى \m \v 27 يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ: \v 28 ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى \v 29 (ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى).\f □ \fr 21:29 \ft \+bd «...ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى»\+bd* ــ ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇس يەھۇدىي ئەمەس، گرېك ئىدى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 21:29 \xt روس. 20‏:4؛ 2تىم. 4‏:20. \x* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى. \f □ \fr 21:30 \ft \+bd «خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى»\+bd* ــ مەقسىتى شۈبھىسىزكى، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىدە قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن ئۈچۈن ئىدى.\f* \v 31 بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى \add ئۇرۇپ\add* ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق \add رىم\add* قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى. \f □ \fr 21:31 \ft \+bd «لەشكەر قىسمىنىڭ مىڭبېشى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «خىلىئارق»؛ ئەمەلىيەتتە 600 ئەسكەرنى باشقۇراتتى.\f* \v 32 مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ-توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى. \v 33 مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ: \m ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى.\x + \xo 21:33 \xt روس. 21‏:11. \x* \m \v 34 لېكىن \add توپىلاڭچىلارنىڭ\add* ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن مىڭبېشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. \v 35 لېكىن پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتكەچكە، لەشكەرلەر ئۇنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. \v 36 چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن توپ-توپ ئادەملەر ئەگىشىپ مېڭىپ: \m ــ ئۇ يوقىتىلسۇن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.\x + \xo 21:36 \xt لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 19‏:15؛ روس. 22‏:22. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ گۇۋاھلىق بېرىپ ئاقلىنىشى \m \v 37 قەلئەگە ئەكىرىلىشىگە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس مىڭبېشىغا: \m ــ سىزگە بىر ئېغىز سۆز قىلسام بولامدىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. \m مىڭبېشى: ــ گرېكچە بىلەمسەن؟ \v 38 ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.\f □ \fr 21:38 \ft \+bd «خەنجەرچى قاتىللار»\+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى تۇرغان ئەڭ ئەشەددىي سىياسىي ئېقىم ئىدى. ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قورال كىيىم ئىچىدە يوشۇرۇشقا قولايلىق بولغان خەنجەر ئىدى.\f* \m \v 39 لېكىن پاۋلۇس: ــ مەن يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىدىكى ئۇلۇغ شەھەر تارسۇسنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.\x + \xo 21:39 \xt روس. 9‏:11،30. \x* \m \v 40 \add مىڭبېشى\add* ئىجازەت بېرىۋىدى، پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. قاتتىق جىمجىتلىق باسقاندا، ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ: ــ \f □ \fr 21:40 \ft \+bd «ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ..»\+bd* ــ «ئىبرانىي تىلىدا» ــ ئارامىي دىئالېكتىدا بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 22 \m \v 1 ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاش سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسىلەر، ــ دېدى. \m \v 2 ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: \m \v 3 ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم.\f □ \fr 22:3 \ft \+bd «مەن... گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەككى، گامالىيەل داڭقى چىققان تەۋرات ئۆلىماسى ئىدى (24:5). گرېك تىلىدا «(مەن) گامالىيەلنىڭ ئاياغلىرىنىڭ ئالدىدا ... تەلىم-تەربىيە ئالدىم» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 22:3 \xt روس. 5‏:34؛ 9‏:11؛ 21‏:39؛ 2كور. 11‏:22\x* \v 4 مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم.\f □ \fr 22:4 \ft \+bd «مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم»\+bd* ــ «بۇ يولدىكىلەرنى» ــ مەسىھ يولىدىكىلەرنى، دېمەكچى. گرېك تىلىدا پەقەت «بۇ يولنى» دېيىلىدۇ. تىڭشىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «مەسىھ ئەيسانىڭ يولى»نىڭ گېپىنى قىلىۋاتقانلىقىنىنى بىلگەن بولاتتى.\f*  \x + \xo 22:4 \xt روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 5 بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى \add يەھۇدىي\add* قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ \add يولدىكىلەرنى\add* جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم. \v 6 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى.\x + \xo 22:6 \xt 1كور. 15‏:8؛ 2كور. 12‏:2. \x* \v 7 مەن يەرگە يىقىلىپ كەتتىم، ئاندىن ماڭا: «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. \v 8 «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: ــ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسارەتلىك ئەيسادۇرمەن!» دېدى. \v 9 مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى. \f □ \fr 22:9 \ft \+bd «...لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى»\+bd* ــ ياكى «... لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئاڭلىماپتۇ». بۇ ئادەملەر بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، لېكىن نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىدى (7:9نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 22:9 \xt دان. 10‏:7. \x* \v 10 مەن يەنە، «ئى رەب، نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، شۇ يەردە سەن ئادا قىلىش بېكىتىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ!» دېدى. \v 11 ھېلىقى نۇرنىڭ جۇلالىقىدىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. \m \v 12 ئۇ يەردە تەۋرات قانۇنىغا ئىخلاس باغلىغان، دەمەشقتىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. \x + \xo 22:12 \xt روس. 9‏:17. \x* \v 13 ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم. \v 14 ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى. \f □ \fr 22:14 \ft \+bd «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى»\+bd* ــ «ھەققانىي بولغۇچى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 15 چۈنكى سەن پۈتۈن ئىنسانلار ئالدىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولىسەن! \v 16 شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى. \m \v 17 شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورۇۋالدى \v 18 ۋە \add رەبنىڭ\add* ماڭا: «چاپسان بول، يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.\x + \xo 22:18 \xt مات. 10‏:14. \x* \m \v 19 مەن، «ئى رەب، ئۇلار مېنىڭ ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا سولاپ، ھەربىر سىناگوگلارغا كىرىپ ئۇلارنى ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. \x + \xo 22:19 \xt روس. 22‏:4. \x* \v 20 سېنىڭ گۇۋاھچىڭ بولغان ئىستىپاننىڭ قېنى تۆكۈلگىنىدە، مەنمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بەردىم!» ــ دېدىم. \x + \xo 22:20 \xt روس. 7‏:58؛ 8‏:1. \x* \v 21 بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى.\x + \xo 22:21 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11. \x* \m \v 22 پاۋلۇس مۇشۇ سۆزنى دېگۈچە خالايىق ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: \m ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.\f □ \fr 22:22 \ft \+bd «لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئۇلارنىڭ پاۋلۇس بۇ سۆزىنى كۆتۈرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزلىرى ئىنتايىن پەس كۆرىدىغان «يات ئەللەر»گە يەتكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ، دەيدىغان كۆزقاراشتا ئىدى.\f*  \x + \xo 22:22 \xt روس. 21‏:36. \x* \m \v 23 ئۇلار چىرقىرىشىپ، چاپان-يېپىنچىلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، توپا-چاڭ سورۇۋاتقاندا، \v 24 مىڭبېشى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلىۋىدى، خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. \f □ \fr 22:24 \ft \+bd «مىڭبېشى ... خالايىقنىڭ \+bd*\+bdit پاۋلۇسقا) نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى»\+bdit* ــ «قامچىلاپ سوراق قىلىش» بولسا رىملىقلار گۇمان قىلغان ئادەملەرنى گۇناھى بار دەپ ھېسابلاپ، «ھەقىقەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن» ئۇلارنى قىيناش بىلەن سوراق قىلاتتى (ئۇلارنىڭ «قامچا»لىرى كۆپ تاسمىلىق بولۇپ، ھەر تاسمىسىغا ھەرتۈرلۈك تۆمۈر-سۆڭەك پارچىلىرى باغلانغانىدى). ئەمما رىملىق پۇقرالار بولسا ئۇنداق مۇئامىلىدىن خالاس ئىدى.\f* \v 25 لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا، ئۇ يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: \m ــ بىر رىم پۇقراسىنى جىنايىتى بېكىتىلمەيلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دېدى.\f □ \fr 22:25 \ft \+bd «لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا...»\+bd* ــ «غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا»: رىملىقلار سوراققا تارتىلغۇچىنى قامچىلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى باغلاپ غۇلىچىنى كېرىپ تۇرغۇزىدۇ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پاۋلۇسنى تاسمىلار بىلەن غۇلاچلاتقاندا،...».\f* \m \v 26 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: \m ــ سىز نېمە ئىش قىلاي دەۋاتىسىز؟ چۈنكى ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن! ــ دېدى. \m \v 27 مىڭبېشى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: \m ــ ماڭا ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m ــ راست، دېدى ئۇ. \m \v 28 ــ مەن ناھايىتى يۇقىرى باھادا مۇشۇ پۇقرالىققا ئىگە بولدۇم، ــ دېدى مىڭبېشى. \m پاۋلۇس: \m ئەمما مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا شۇنداق! ــ دېدى. \m \v 29 شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى.\f □ \fr 22:29 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى»\+bd* ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. رىم پۇقرالىرىنى جىنايىتى بېكىتمەيلا باغلاشمۇ قانۇنسىز ئىش ئىدى.\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئالىي كېڭەشمىدە ئۆزىنى ئاقلىشى \m \v 30 مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىپ، باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. \b \b \m \c 23 \m \v 1 پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: \m قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجداندا مېڭىپ كەلدىم، ــ دېدى.\x + \xo 23:1 \xt روس. 24‏:16. \x* \m \v 2 بۇنى ئاڭلىغان باش كاھىن ئانانىياس \add پاۋلۇسنىڭ\add* يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى.\x + \xo 23:2 \xt 1پاد. 22‏:24؛ يەر. 20‏:2؛ يـۇھ. 18‏:22. \x* \v 3 پاۋلۇس ئۇنىڭغا: \m ــ خۇدا سېنى ئۇرىدۇ، ئەي ئاقارتىلغان تام! سەن ئۇ يەردە مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىشقا ئولتۇرىسەن، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مېنى ئۇرۇڭلار دەپ بۇيرۇدىڭغۇ؟! ــ دېدى.\f □ \fr 23:3 \ft \+bd خۇدا سېنى ئۇرىدۇ، ئەي ئاقارتىلغان تام!\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ «ئاقارتىلغان تام» دېگىنى، «سىرتى ئاپئاق كۆرۈنىدىغان، ئىچى پەقەت پاتقاق-لايدىن بولغان ساختىپەزسەن» دېگەن مەنىدە. «ئەز.» 8:13-16نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 23:3 \xt قان. 17‏:9. \x* \m \v 4 ــ سەن خۇدانىڭ باش كاھىنىغا ئاشۇنداق ھاقارەت كەلتۈرەمسەن؟! ــ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. \v 5 پاۋلۇس: \m ــ ئى قېرىنداشلار، مەن ئۇنىڭ باش كاھىن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يامان گېپىنى قىلما!» دېيىلگەن، ــ دېدى.\f □ \fr 23:5 \ft \+bd «خەلقىڭنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يامان گېپىنى قىلما!»\+bd* ــ تەۋرات، «مىس.» 28:22.\f*  \x + \xo 23:5 \xt مىس. 22‏:27. \x* \m \v 6 لېكىن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سادۇقىي، يەنە بىر قىسمىنىڭ پەرىسىيلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: \m ــ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە پەرىسىيلەرنىڭ پەرزەنتىمەن. مەن ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىشقا باغلىغان ئۈمىد توغرۇلۇق بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى.\x + \xo 23:6 \xt روس. 24‏:21؛ 26‏:6؛ فىل. 3‏:5. \x* \m \v 7 ئۇ بۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئارىسىدا جېدەل-غوۋغا قوزغىلىپ، كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى \v 8 (چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ).\x + \xo 23:8 \xt مات. 22‏:23؛ مار. 12‏:18؛ لۇقا 20‏:27. \x* \v 9 بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: \m ــ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمىدۇق! بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆز قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ! ــ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.\x + \xo 23:9 \xt روس. 25‏:25؛ 26‏:31. \x* \m \v 10 چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى \add يەھۇدىيلارنىڭ\add* پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى. \m \v 11 شۇ كۈنى كېچىسى، رەب پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: \m ــ جاسارەتلىك بول! چۈنكى يېرۇسالېمدا مەن توغرامدىكى ئىشلارغا تولۇق گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق قىلىشىڭ مۇقەررەر بولىدۇ! ــ دېدى.\x + \xo 23:11 \xt روس. 18‏:9. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى \m \v 12 ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى. \x + \xo 23:12 \xt روس. 23‏:21،29،30. \x* \v 13 بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. \v 14 ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: \m ــ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە تېتىماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچتۇق. \v 15 ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، ــ دېدى. \m \v 16 لېكىن پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بۆكتۈرمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا مەلۇم قىلىپ قويدى. \v 17 بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ بالىنى مىڭبېشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. چۈنكى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. \m \v 18 يۈزبېشى ئۇنى ئېلىپ مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: \m ــ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ بالىنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. \m \v 19 مىڭبېشى ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: \m ــ ماڭا مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 20 ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: \m ــ يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرەيلى دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈشتى. \x + \xo 23:20 \xt روس. 23‏:12. \x* \v 21 ئۇلارغا قايىل بولمىغايلا، چۈنكى قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دېگەن قارغىش قەسىمىگە باغلىنىپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. \m \v 22 مىڭبېشى ئۇنىڭغا: \m ــ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىمگە تىنما! ــ دەپ تاپىلاپ، بالىنى قايتۇردى. \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ۋالىي فېلىكسكە تاپشۇرۇلۇشى \m \v 23 مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: \m ــ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەرنى بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاڭلار! \f □ \fr 23:23 \ft \+bd «نەيزىۋاز لەشكەر»\+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى نامەلۇم. \+bd «كېچە سائەت توققۇزدا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «كېچىدىكى ئۈچىنىچى سائەتتە».\f* \v 24 شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى.\f □ \fr 23:24 \ft \+bd «پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار!»\+bd* ــ «ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار!» ــ بىر ئۇلاغ ئەمەس. مىڭبېشى پاۋلۇسنى يېرۇسالېمدىن 100 كىلومېتر يىراق بولغان قەيسەرىيەگە بىخەتەر يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىغان كۆپ ئۇلاغلار، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 25 مىڭبېشى \add فېلىكسكە\add* مۇنداق بىر خەت يازدى: ــ \m \v 26 «ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن سالام! \m \v 27 ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. \f □ \fr 23:27 \ft \+bd «يەھۇدىيلار ... ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم»\+bd* ــ مىڭبېشى لىسىياس ئەمەلىيەتتە پاۋلۇسنى تۇتقاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى.\f*  \x + \xo 23:27 \xt روس. 21‏:33. \x* \v 28 مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم. \v 29 ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا دائىر دەتالاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم. \v 30 كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!». \m \v 31 لەشكەرلەر ئەمدى بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. \f □ \fr 23:31 \ft \+bd «لەشكەرلەر ... پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى.»\+bd* ــ ئانتىپاترىس يېرۇسالېمدىن 55 كىلومېتر يىراق، يېرۇسالېم بىلەن قەيسەرىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا.\f* \v 32 ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر \add يېرۇسالېمدىكى\add* قەلئەگە قايتىپ كەلدى. \v 33 ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە كىرىپ، خەتنى ۋالىيغا تاپشۇردى ۋە پاۋلۇسنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلدى. \v 34 ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، \f □ \fr 23:34 \ft \+bd «ۋالىي ... پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ،...»\+bd* ــ ۋالىينىڭ «قايسى ئۆلكە؟» دېگەن سوئالى گرېك تىلىدا «قايسى خىل ئۆلكە» دېيىلىدۇ. ئىككى خىل ئۆلكە بار ئىدى: (1) ئىمپېراتور ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان؛ (2) ۋاسىتىلىك باشقۇرىدىغان. پاۋلۇس ئىككىنچى خىل ئۆلكىدىن بولغان بولسا، ۋالىي ئۆزى پاۋلۇسنىڭ دەۋاسىنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلالايتتى.\f* \v 35 ئۇنىڭغا: \m ــ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە ئىشلىرىڭنى تولۇق ئاڭلايمەن، ــ دېدى ۋە ئۇنى ھېرود خاننىڭ ئوردىسىدا نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.\f □ \fr 23:35 \ft \+bd «... ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە ئىشلىرىڭنى تولۇق ئاڭلايمەن، ــ دېدى...»\+bd* ــ كىلىكىيە (ھازىرقى شىمالىي تۈركىيىدە) قانائان (پەلەستىن)دىن يىراق جاي ئىدى، ئۇ بەلكىم فېلىكس باشقۇرىدىغان جاي بولمىسا كېرەك. كىلىكىيە شۇنچە يىراق بولغاچقا، پاۋلۇسنى شۇ يەرگە يالاپ ماڭدۇرماي، بۇ ئىشنى ئۆزۈم تەكشۈرەي دېگەن قارارغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \b \b \m \c 24 \s1 يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇس ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى \m \v 1 بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى. \x + \xo 24:1 \xt روس. 23‏:2. \x* \v 2‏-3 پاۋلۇس چاقىرتىلىپ، تەرتۇللۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: \m ــ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز ۋە ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز.\f □ \fr 24:2‏-3 \ft \+bd «بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز»\+bd* ــ ياكى «بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز». \+bd «ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز»\+bd* ــ بەزى رىملىق تارىخچىلارنىڭ خاتىرىلىرى بويىچە، فېلىكس ئەمەلىيەتتە ئاچكۆز، رەھىمسىز ۋە قابىلىيەتسىز ئادەم ئىدى.\f* \v 4 بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.\f □ \fr 24:4 \ft \+bd «ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن...»\+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن...».\f* \v 5 چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر. \v 6‏-7 ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى.\f □ \fr 24:6‏-7 \ft \+bd «ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى....»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى» دېگەن سۆزلەر مۇشۇ يەردە تېپىلماي، پەقەت «ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 24:6‏-7 \xt روس. 21‏:28. \x* \v 8 ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا! \m \v 9 سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى. \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى \m \v 10 ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: \m ــ مەن سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلگەچكە، خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىلىرىدا ئۆزۈم توغرامدا جاۋاب بېرىمەن. \v 11 ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. \v 12 ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى. \x + \xo 24:12 \xt روس. 25‏:8؛ 28‏:17. \x* \v 13 ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ. \m \v 14 بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن. \f □ \fr 24:14 \ft \+bd «تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ،...»\+bd* ــ «تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى»: يەھۇدىي خەلقى بەزىدە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن بەش كىتابنى «تەۋرات» ۋە تەۋراتتىكى باشقا قىسىملارنى «زەبۇر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرى» دەپ ئاتايدۇ. «تەبىرلەر» ۋە تەۋراتتىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 15 مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ.\f □ \fr 24:15 \ft \+bd «مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئايانكى، ئىنجىلدا «ئۈمىد» تىلغا ئېلىنغاندا مۈجمەل بىر تىلەك-ئارزۇ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدلىرىگە ئاساسلىنىپ، مۇقىم، پۇختا مەلۇم بىر ئىشنى كۈتۈشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \m \v 16 شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن. \x + \xo 24:16 \xt روس. 23‏:1. \x* \v 17 مەن \add يېرۇسالېمدىن\add* ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم. \x + \xo 24:17 \xt روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:25. \x* \v 18 مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. \x + \xo 24:18 \xt روس. 21‏:27. \x* \v 19 ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى. \v 20 بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن! \v 21 پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم.\x + \xo 24:21 \xt روس. 23‏:6؛ 28‏:20. \x* \m \v 22 \add رەبنىڭ\add* يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: \m ــ مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، ــ دېدى. \m \v 23 ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى.\x + \xo 24:23 \xt روس. 27‏:3؛ 28‏:16. \x* \b \m \s1 پاۋلۇس ۋالىي فېلىكس بىلەن درۇسىلانىڭ ئالدىدا \m \v 24 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى. \v 25 پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا: \m ــ ھازىرچە قايتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. كېيىن ماڭا پەيت كەلگەندە، يەنە چاقىرتىمەن، ــ دېدى. \m \v 26 ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. \v 27 لېكىن ئىككى يىل توشقاندا، فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.\f □ \fr 24:27 \ft \+bd «فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن...»\+bd* ــ ياكى «فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن...».\f* \b \b \m \c 25 \s1 پاۋلۇسنىڭ ۋالىي فېستۇسنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشى \m \v 1 فېستۇس \add يەھۇدىيە\add* ئۆلكىسىگە كىرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەيسەرىيەدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا بارغانىدى.\f □ \fr 25:1 \ft \+bd «فېستۇس \+bd*\+bdit يەھۇدىيە\+bdit* ئۆلكىسىگە كىرىپ...» ــ ياكى «فېستۇس ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىقىغا كىرىپ،...».\f* \v 2 باش كاھىنلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات سوراپ، ئادەم ئەۋىتىپ پاۋلۇسنى \v 3 يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى. مەقسىتى، ئۇلار يول ئۈستىدە بۆكتۈرمە تەييارلاپ پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش ئىدى. \v 4 فېستۇس بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا: \m ــ پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيەدە سولاقتا تۇرىۋەرسۇن. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كەتمەكچىمەن. \v 5 ئاراڭلاردىن ھوقۇقدار بولغانلار مەن بىلەن بىللە چۈشسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ئەيىبى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. \m \v 6 فېستۇس ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىز-ئون كۈندىن ئارتۇق تۇرماي، قەيسەرىيەگە قايتىپ چۈشتى. ئەتىسى سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. \v 7 پاۋلۇس كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن چۈشكەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ شىكايەتلەرنى قىلدى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. \v 8 پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ: \m ــ مەن ھېچقايسى ئىشتا يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، ئىبادەتخانىسىغا ياكى \add ئىمپېراتور\add* قەيسەرگە قارشى بىرەر جىنايەتمۇ سادىر قىلمىدىم، ــ دېدى.\x + \xo 25:8 \xt روس. 24‏:12؛ 28‏:17. \x* \m \v 9 لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولۇپ پاۋلۇستىن: \m ــ يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە مېنىڭ ئالدىمدا بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىنىشقا رازى بولامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 10 لېكىن پاۋلۇس جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: \m ــ مەن ھازىر قەيسەرنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزلىرىگە ئېنىق مەلۇم بولغاندەك، مەن يەھۇدىيلارغا ھېچقانداق ناھەقلىق قىلمىدىم. \f □ \fr 25:10 \ft \+bd «مەن ھازىر قەيسەرنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىمەن»\+bd* ــ ئىمپېراتور قەيسەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سوراقچى ۋەكىلى (فېستۇس)نىڭ ئالدىدا، ئەلۋەتتە.\f* \v 11 ئەگەر جىنايىتىم بولسا، شۇنداقلا ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى ئۆلۈمدىن قاچۇرمايمەن. بىراق ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن!\f □ \fr 25:11 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن!»\+bd* ــ ھەربىر رىم پۇقراسى شىكايەت قىلىنغاندا سوتنىڭ قارارىغا نارازى بولسا، يۇقىرىغا (قەيسەرنىڭ ئۆزىگە) مۇراجىئەت قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى.\f*  \x + \xo 25:11 \xt روس. 18‏:14. \x* \m \v 12 ئاندىن فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا: \m ــ سەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلدىڭ ــ ئۇنىڭ ئالدىغا ئەمدى بارىسەن! ــ دېدى. \b \m \s1 ۋالىي فېستۇسنىڭ ئاگرىپپا خان IIدىن پاۋلۇس توغرىسىدا نەسىھەت سورىشى \m \v 13 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپپا خان بىلەن \add سىڭلىسى\add* بەرنىكى فېستۇسقا تەبرىك-سالامغا قەيسەرىيەگە كەلدى. \v 14 ئۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇسنىڭ ئىشىنى خانغا مەلۇم قىلىپ: \m ــ بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار. \x + \xo 25:14 \xt روس. 24‏:27. \x* \v 15 مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي باش كاھىنلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازاغا مەھكۇم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. \v 16 مەن ئۇلارغا، ئەرز قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگۈچە، ئۇنى جازاغا تاپشۇرۇش رىملىقلارنىڭ ئادىتى ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتىم. \v 17 شۇڭا ئۇلار مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي، ئەتىسىلا سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇ كىشىنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدۇم. \v 18 ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك رەزىل ئىشلار ئەمەس ئىدى، \v 19 بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىبادەت تۈزۈمى توغرۇلۇق ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە مەلۇم تالاش-تارتىش مەسىلىلىرى بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن. \v 20 بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلەلمەي، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم. \v 21 پاۋلۇس سولاقتا تۇرۇپ ئىمپېراتور جانابلىرىنىڭ سوراق قارارىنى چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى قەيسەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكۈچە، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. \m \v 22 ئاگرىپپا فېستۇسقا: \m ــ مېنىڭمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، ــ دېدى. \m ــ ئەتە ئاڭلايسىز، ــ دېدى ئۇ. \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى، ئاگرىپپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەت بىلەن ئاممىۋىي يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى، مىڭبېشىلار ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىرىپ كېلىشتى. فېستۇس ئەمر قىلىۋىدى، پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى. \m \v 24 فېستۇس مۇنداق دېدى: \m ــ ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرى ۋە مۇشۇ سورۇنغا يىغىلغان جانابلار! بۇ كىشىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ھەم يېرۇسالېمدا ھەم بۇ يەردە پۈتۈن يەھۇدىي ئاھالىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئەرز قىلىپ ماڭا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇ تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ! ــ دەپ چۇرقىراشقانىدى. \v 25 لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر بۇ كىشى ئىمپېراتور جانابلىرىغا مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى \add رىمغا\add* ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. \x + \xo 25:25 \xt روس. 23‏:9؛ 26‏:31. \x* \v 26 بىراق ئۇنىڭ ھەققىدە غوجامغا مەلۇم قىلىپ يازغۇدەك ئىش يوق. شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالنى رەسمىي تەكشۈرۈپ بىرەر يازغۇدەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ سىلى، ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. \v 27 چۈنكى مەھبۇسنى سوتقا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتلەرنى ئېنىق كۆرسەتمەسلىك ماڭا نىسبەتەن ئورۇنلۇق ئەمەستەك بىلىنىدۇ. \b \b \m \c 26 \s1 پاۋلۇسنىڭ ئاگرىپپا خان ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىشى \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: \m ــ ئۆزۈڭنىڭ گېپىڭنى قىلىشىڭغا رۇخسەت، ــ دېدى. \m پاۋلۇس قولىنى سوزۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: \m \v 2‏-3 ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. \m \v 4 مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. \v 5 ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ. \v 6 ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن.\x + \xo 26:6 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. \x* \v 7 شۇ \add ۋەدىنىڭ\add* نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر! \v 8 \add خالايىق\add*، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟\f □ \fr 26:8 \ft \+bd «خالايىق، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، پاۋلۇس كۆزدە تۇتقان ئۈمىد (7-ئايەتنى كۆرۈڭ) خۇدانىڭ ۋەدىسى بىلەن، مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتقا تىرىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.\f* \m \v 9 دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم \x + \xo 26:9 \xt روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 10 ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. \f □ \fr 26:10 \ft \+bd «ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم»\+bd* ــ «ئاۋاز قوشقانىدىم» گرېك تىلىدا «مەن ئۇلارغا قارا تاش تاشلىدىم». يەھۇدىيلار ئارىسىدا كونا زامانلاردا «ئاۋاز بېرىش» ئاق ياكى قارا بىر تاشنى تاشلاش بىلەن بىلدۈرۈلەتتى.\f* \v 11 مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم. \f □ \fr 26:11 \ft \+bd «مەن ... ئۇلارنى ... كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم»\+bd* ــ «كۇپۇرلۇق گەپ قىلىش» مۇشۇ يەردە مەنىسى بەلكىم مەسىھگە كۇپۇرلۇق سۆز قىلىپ، ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 12 بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم. \v 13 چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. \v 14 ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.\f □ \fr 26:14 \ft \+bd «سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!»\+bd* ــ رەب سائۇلنى جاھىل ئېشەككە ئوخشىتىدۇ. ئېشەكنى ئىگىسى زىخلىغاندا ماڭماي قىيىق ئاتسا تېخىمۇ ئازاب تارتىدۇ، ئەلۋەتتە. سائۇلنىڭ ۋىجدانى شۇنىڭغا ئوخشاش رەبنىڭ بەندىلىرىگە يامانلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سانجىلغان بولسا كېرەك.\f* \m \v 15 مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن! \v 16 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم. \f □ \fr 26:16 \ft \+bd «ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم»\+bd* ــ «خەزىنىچى غوجىدار» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ دېمەك، سائۇل مەسىھ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋە تاپشۇرىدىغان ۋەھىيلەرنى ۋە كالام-سوزنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان «خەزىنىچى» ياكى «ئامانەتچى» بولىدۇ ۋە كەلگۈسىدە بۇ ھەقىقەتلەرنى بارلىق جامائەتلەرگە يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىدۇ.\f* \v 17‏-18 مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى.\x + \xo 26:17‏-18 \xt يەش. 60‏:1. \x* \m \v 19 شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم. \v 20 بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم. \x + \xo 26:20 \xt روس. 9‏:19،28؛ 22‏:17،21. \x* \v 21 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. \x + \xo 26:21 \xt روس. 21‏:30. \x* \v 22 لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ \v 23 دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ \add يەھۇدىي\add* خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ.\x + \xo 26:23 \xt يەش. 60‏:1-3، 19، 20\x* \m \v 24 پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: \m ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى. \m \v 25 لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن. \v 26 چۈنكى \add ئاگرىپپا\add* ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس!\f □ \fr 26:26 \ft \+bd «چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس!»\+bd* ــ «بۇ ئىش» ــ مەسىھنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتىرى، ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى، دېمەك.\f* \m \v 27 ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى. \m \v 28 ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: \m ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى.\f □ \fr 26:28 \ft \+bd «سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟»\+bd* ــ «خرىستىئان» توغرۇلۇق 26:11دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 29 پاۋلۇس: \m ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى.\f □ \fr 26:29 \ft \+bd «مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن ... بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي...»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ ئۇلارنى نىجاتلىققا ئېرىشسۇن دەپ ئۆزىنىڭ كېرەك بولسا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سۆزلىگەنلىكىگە رازى بولغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.\f*  \x + \xo 26:29 \xt 1كور. 7‏:7. \x* \m \v 30 شۇنىڭ بىلەن \add ئاگرىپپا\add* خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، \v 31 \add زالدىن\add* چىقىپ، بىر-بىرىگە: \m ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى.\x + \xo 26:31 \xt روس. 23‏:9؛ 25‏:25. \x* \m \v 32 ئاگرىپپا فېستۇسقا: \m ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى. \b \b \m \c 27 \s1 پاۋلۇس ۋە ھەمراھلىرىنىڭ رىم شەھىرىگە قىلغان دېڭىز سەپىرى \m \v 1 بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى.\f □ \fr 27:1 \ft \+bd «بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز...»\+bd* ــ «بىز» دېگەن سۆزگە قارىغاندا لۇقا قايتىدىن پاۋلۇسقا ھەمراھ بولغانىدى. «ئىتالىيەگە» ــ رىم شەھىرى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى ئىدى. \+bd «ئاۋغۇستۇس قىسمى»\+bd* ــ ياكى «شاھانە قوشۇن». «ئاۋغۇستۇس» بولسا بىرىنچى رىم ئىمپېراتورى ئىدى. «قىسىم» ياكى «قوشۇن» مۇشۇ يەردە 600 لەشكەرلىك بىرلىكنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 2 بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. \v 3 ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.\x + \xo 27:3 \xt روس. 24‏:23؛ 28‏:16. \x* \v 4 بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. \v 5 كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. \v 6 شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى. \m \v 7 دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي \add يېرىم ئارىلى\add*دىن ئۆتۈپ،\f □ \fr 27:7 \ft \+bd «شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ... »\+bd* ــ ئەسلىدە ئۇلار مەغرىپ تەرەپكە ماڭماقچى، ھازىر جەنۇبقا قاراپ ماڭىدۇ. «روسۇل پاۋلۇسنىڭ سەپەرلىرى» دېگەن خەرىتىنى كۆرۈڭ.\f* \v 8 دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق. \m \v 9 سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ:\f □ \fr 27:9 \ft \+bd «روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا،...»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ «روزا كۈنى» ئادەتتە توققۇزىنچى ئايدا بولىدۇ، ھازىر كۈز پەسلى بولسا كېرەك. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن «ئوتتۇرا دېڭىز»دا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى.\f* \m \v 10 ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى. \m \v 11 بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى. \v 12 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى.\f □ \fr 27:12 \ft \+bd «روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى...»\+bd* ــ فېنىكس پورتى قىشلىق (ئادەتتە شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمالدىن چىققان) شاماللارغا دالدا بولغاچقا، قىشلاش ئۈچۈن ياخشى جاي ئىدى.\f*  \fig روسۇل پاۋلۇسنىڭ رىم شەھىرىگە ماڭغان سەپىرى|src="paul4mission-uara-01.jpg" size="span" ref="«روس.» 27، 28" \fig* \b \m \s1 دېڭىزدىكى بوران-چاپقۇن \m \v 13 جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى. \v 14 لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى. \v 15 كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. \v 16‏-17 كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى. \f □ \fr 27:16‏-17 \ft \+bd «كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق»\+bd* ــ ئادەتتە قولۋاق كېمىنىڭ كەينىدىن سۆرىتىلىپ مېڭىلاتتى. \+bd «ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى»\+bd* ــ بۇ ئارغامچىلار كېمىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن كېمىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. \+bd «سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرى»\+bd* ــ «سىرتىس» دېگەن ھازىرقى لىۋىيەدىكى ئىككى دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئىسمىدۇر. شۇ قولتۇقلاردا كۆپ تېيىز جايلار ۋە دېڭىز ئاستىدا دائىم كۆچمە قۇم دۆۋىلىرى بولغاچقا، كېمىلەر ئۈچۈن بەك خەتەرلىك جايدۇر. \+bd «كېمىنىڭ ... تورمۇز لەڭگەرلىرى»\+bd* ــ بولسا يېنىكرەك لەڭگەر بولۇپ، دېڭىز تېگىگە تىرىلىپ كېمىنىڭ ئالدىغا مېڭىشىنى ئاستىلىتاتتى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەلكەنلەرنى چۈشۈرۈپ»؛ ئەمما بىزنىڭچە شۇنداق ئەشەددىي بۇراندا يەلكەنلەر ئاللىقاچان چۈشۈرۈلگەن بولاتتى.\f* \v 18 بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. \f □ \fr 27:18 \ft \+bd «...ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى»\+bd* ــ مالنى تاشلاشنىڭ مەقسىتى كېمىنىڭ پارچىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت.\f* \v 19 ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. \v 20 كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى. \m \v 21 كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: \m ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار. \v 22 لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر. \v 23 چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ \v 24 ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى. \v 25 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. \v 26 بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ. \m \v 27 سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى. \v 28 ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى. \v 29 ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى. \f □ \fr 27:29 \ft \+bd «ئۇلار ... كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ،..»\+bd* ــ بۇ تۆت لەڭگەرنى (دېڭىزغا) تاشلاشنىڭ مەقسىتى كېمىنى توختىتىش، ئەلۋەتتە.\f* \v 30 لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. \v 31 پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە: \m ــ بۇ \add كېمىچىلەر\add* كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى. \m \v 32 بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى. \f □ \fr 27:32 \ft \+bd «كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى»\+bd* ــ ياكى «كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى».\f* \v 33 تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ: \m ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. \v 34 ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى.\x + \xo 27:34 \xt مات. 10‏:30. \x* \m \v 35 بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى. \x + \xo 27:35 \xt 1سام. 9‏:13؛ يـۇھ. 6‏:11؛ 1تىم. 4‏:3. \x* \v 36 شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى \v 37 (كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق). \v 38 ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. \b \m \s1 كېمىنىڭ غەرق بولۇشى \m \v 39 تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. \v 40 ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى. \f □ \fr 27:40 \ft \+bd «كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى»\+bd* ــ دېڭىز شۇنداق كۈچلۈك دولقۇنلىغاندا، بۇ پالاقلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈشنىڭ پايدىسى بولمايتتى. شۇڭا ئۇلار دەخلى بولمىسۇن ئۈچۈن پالاقنى بىر-بىرىگە چېتىپ كېمىگە دېڭىزدىن كۆتۈرۈپراق باغلاپ قويغانىدى. ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىشكە بولاتتى، ئەگەر قاتتىق دولقۇندا بۇزۇلۇپ كەتسە ئامال يوق بولاتتى.\f* \v 41 ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.\f □ \fr 27:41 \ft \+bd «ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كېمە قىرغاققا يەتكۈچە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى».\f*  \x + \xo 27:41 \xt 2كور. 11‏:25. \x* \m \v 42 لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. \f □ \fr 27:42 \ft \+bd «لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى»\+bd* ــ رىملىق ئەسكەرلەر مەھبۇسلارنى قاچۇرۇپ قويسا ئۆزلىرى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولاتتى.\f* \v 43 لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى، \v 44 قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى. \b \b \m \c 28 \s1 مالتا ئارىلىدا \m \v 1 بىز قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. \v 2 يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؛ چۈنكى ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.\f □ \fr 28:2 \ft \+bd «يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى»\+bd* ــ «يەرلىك خەلق» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «ساقاللىقلار» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ يات تىللىق (دېمەك، ئىبرانىي، گرېك ياكى لاتىن تىللىق ئەمەس) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى. \v 4 شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: \m ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى.\f □ \fr 28:4 \ft \+bd «دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى»\+bd* ــ «ئادىللىق» دېگەن ئۇلار چوقۇنىدىغان بۇتلاردىن بىرى بولغان ئايال ئىلاھ بولسا كېرەك.\f* \m \v 5 لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى.\x + \xo 28:5 \xt مار. 16‏:18؛ لۇقا 10‏:19. \x* \v 6 خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ: \m ــ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى.\x + \xo 28:6 \xt روس. 14‏:11. \x* \m \v 7 ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى. \v 8 ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. \v 9 شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى. \v 10 ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئاخىردا بۇ يەردىن يەنە يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولغا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى. \b \m \s1 مالتادىن رىم شەھىرىگە بېرىش \m \v 11 مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. \f □ \fr 28:11 \ft \+bd «بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە»\+bd* ــ «ساماۋىي قوشكېزەك» بولسا رىملىقلارنىڭ چوقۇنغان ئىلاھلىرى «كاستور بىلەن پوللۇكس» (گرېك تىلىدا «دىئوسكۇرى») ئىدى. دېڭىزچىلار ئۇلارنى دېڭىز سەپەرلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىدۇ، دەپ قارايتتى.\f* \v 12 سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. \v 13 ئاندىن ئايلىنىپ مېڭىپ، \add ئىتالىيەدىكى\add* رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ جەنۇبتىن چىقىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى پۇتېئولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. \v 14 ئۇ يەردە بىرنەچچە قېرىنداشلارنى تاپتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن بىز ئۇلاردا بىر ھەپتە تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. \v 15 كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، \add بەزىلىرى\add* «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، غەيرەتلەندى.\f □ \fr 28:15 \ft \+bd «شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى»\+bd* ــ «ئاپىيۇس بازىرى» رىمدىن 71 كىلومېتر، «ئۈچ ساراي» 55 كىلومېتر يىراق ئىدى.\f* \b \m \s1 پاۋلۇس رىم شەھىرىدە \m \v 16 رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. \f □ \fr 28:16 \ft \+bd يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلۆر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.\f*  \x + \xo 28:16 \xt روس. 24‏:23؛ 27‏:3. \x* \v 17 ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇلار جەم بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: \m ــ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالدۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا تۇرغىنىمدا تۇتقۇن قىلىنىپ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. \x + \xo 28:17 \xt روس. 24‏:12؛ 25‏:8. \x* \v 18 رىملىقلار مېنى سوراققا تارتىپ، مەندە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغۇدەك بىرەر جىنايەت بولمىغاچقا، مېنى قويۇۋەتمەكچى بولدى. \v 19 لېكىن يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇلارنى دېگىنىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن شىكايىتىم بار دېگەنلىكىم ئەمەس. \v 20 شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىردىم. چۈنكى بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ سەۋەبى دەل ئىسرائىلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدۇر.\x + \xo 28:20 \xt روس. 23‏:6؛ 24‏:21.\x* \m \v 21 ئۇلار پاۋلۇسقا: \m ــ بىز بولساق يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق، ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. \v 22 لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ \add سەن تەۋە بولغان\add* بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى. \m \v 23 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا \add سۆز-كالامنى\add* شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى. \f □ \fr 28:23 \ft \+bd «ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا سۆز-كالامنى شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى»\+bd* ــ «تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى» توغرۇلۇق 14:24 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە «تەۋرات» گرېك تىلىدا«مۇسانىڭ (تەۋرات) قانۇنى».\f*  \x + \xo 28:23 \xt يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. \x* \v 24 ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندۈرۈلدى، بەزىلەر ئىشىنىشنى رەت قىلدى. \x + \xo 28:24 \xt روس. 17‏:4. \x* \v 25 ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: \m ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان: \m \v 26 ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ \m «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ \m كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. \x + \xo 28:26 \xt يەش. 6‏:9؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ رىم. 11‏:8. \x* \m \v 27 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، \m ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، \m ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛ \m ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، \m قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، \m كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، \m ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، \m مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»».\f □ \fr 28:27 \ft \+bd «چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ... ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»\+bd* ــ «يەش.» 9:6-10دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.\f*  \x + \xo 28:27 \xt يەش. 6‏:9،10. \x* \m \v 28‏-29 شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى.\f □ \fr 28:28‏-29 \ft \+bd «ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.\f* \m \v 30 \add پاۋلۇس\add* ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تولۇق ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، \v 31 تولىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ھەم ھېچ توسالغۇغا ئۇچرىماي، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىپ، رەب ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈپ تەلىم بەردى.