\id 2TI \h تىموتىيغا «2» \toc1 تىموتىيغا «2» \toc2 تىموتىيغا «2» \toc3 2تىم. \mt1 تىموتىيغا «2» \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ \m \v 1‏-2 مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\f □ \fr 1:1‏-2 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، تىموتىي پاۋلۇسنىڭ «روھىي جەھەتتە» ئوغلى ئىدى.\f*  \x + \xo 1:1‏-2 \xt گال. 1‏:3؛ 1تىم. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \v 3 مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛\x + \xo 1:3 \xt روس. 22‏:3؛ رىم. 1‏:9؛ 1تېس. 1‏:2؛ 3‏:10. \x* \v 4 كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛ \v 5 چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن. \m \v 6 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، \add خۇدا\add* ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغىنىم بىلەن سەندە بولغان، خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپات»\+bd* ــ ئىشىنىمىزكى، بۇ دەل -1خەتتە («1تىم.» 14:4-15) تىلغا ئېلىنغان روھىي ئىلتىپاتتىن باشقا ئىش ئەمەس. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:6 \xt روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 4‏:14؛ 5‏:22. \x* \v 7 چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.\x + \xo 1:7 \xt رىم. 8‏:15. \x* \v 8 شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما»\+bd* ــ پاۋلۇس بۇ مەكتۇپنى يازغاندا رىمدىكى زىنداندا ياتاتتى. شۈبھىسىزكى، رىملىقلار پاۋلۇسنى «بىزنىڭ مەھبۇسىمىز» دەپ ئويلايتتى ــ لېكىن پاۋلۇس ئىشقا باشقىچە قارايتتى. رىملىقلارنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولۇپ، شۇ ئىش بىلەن «يات ئەللىكلەر»دىن بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ پايدا كۆرىدىغانلىقىغا پاۋلۇسنىڭ كۆزى يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مەن رەبنىڭ مەھبۇسى» دەيدۇ. \+bd «خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بەلكىم «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە \+bd بىرگە\+bd* تارتقىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. دېمەك، ھەر دەۋردە ئېتىقادچىلار تارتىشقا تېگىشلىك ئوقۇبەت-مۇشەققەت بار؛ تىموتىينىڭ پاۋلۇس (ۋە باشقا ئېتىقادچىلار) بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە «ئۆز ھەسسىسى بويىچە» ئوقۇبەت-مۇشەققەت تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 1:8 \xt روس. 21‏:33؛ رىم.1‏:16؛ ئ‍ەف. 3‏:1؛ 4‏:1؛ كول. 4‏:18؛ فلم. 1‏:1، 9، 13. \x* \v 9 خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ \x + \xo 1:9 \xt ئ‍ەف. 1‏:3؛ تىت. 3‏:4، 5، 6. \x* \v 10 لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. \x + \xo 1:10 \xt يەش. 25‏:8؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ تىت. 1‏:2؛ ئىبر. 2‏:14؛ 1پېت. 1‏:20. \x* \v 11 مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن»\+bd* ــ «ئەللەر» بولسا «يات ئەللىكلەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر».\f*  \x + \xo 1:11 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7. \x* \v 12 مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «... ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم»\+bd* ــ «ماڭا تاپشۇرۇلغان ئامانەت» بىزنىڭچە خۇدا پاۋلۇسقا جامائەتنى دەپ تاپشۇرغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋەھىيلەرنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp «شۇ كۈن» ــ ئەيسا دۇنياغا قايتىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. پاۋلۇسنىڭ كۆزقارىشىدا پەقەت بىرلا كۈن مۇھىمدۇر، ئۇ دائىم ئۇ كۈننى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى «شۇ كۈن» دەيدۇ. \fp ئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى «ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە («شۇ كۈنگىچە») چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.\f* \v 13 مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛ \x + \xo 1:13 \xt 2تىم. 3‏:14. \x* \v 14 بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا.\f □ \fr 1:14 \ft \+bd «بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا»\+bd* ــ يۇقىرىدا 12-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، «ساڭا تاپشۇرۇلغان گۈزەل ئامانەت» مۇقەددەس روھ جامائەتكە يەتكۈزمەكچى بولغان، خۇدا ئۆزىنىڭ نىجاتلىق پىلانى ۋە جامائەت توغرۇلۇق ۋەھىي قىلىنغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 15 سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى \add ئېتىقادچىلارنىڭ\add* ھەممىسى \add دېگۈدەك\add* مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار. \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەندىن يۈز ئۆرىدى»\+bd* ــ بۇ يەردىكى «ئاسىيا ئۆلكىسى» ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار» شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى پەقەت رىم شەھىرىدە تۇرغان، ئەسلىدە زىنداندا ياتقان پاۋلۇسقا مەدەت بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. گرېك تىلىدا «ئاسىيا ئۆلكىسىدە («ئۆلكىسىدىن» ئەمەس) بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن يۈز ئۆرىدى» دېيىلگەچكە، بىز ئۇنداق قارىمايمىز. \fp بۇ مۇھىم ۋەقە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:15 \xt روس. 19‏:10. \x* \v 16 رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى. \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى»\+bd* ــ «مەھبۇس بولغانلىقىمدىن» گرېك تىلىدا «مېنىڭ زەنجىر-كىشەنلىرىمدىن...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:16 \xt 2تىم. 4‏:19. \x* \v 17 ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ. \v 18 رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن.\f □ \fr 1:18 \ft \+bd «رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي»\+bd* ــ «شۇ كۈنى» ئەيسا دۇنياغا قايتىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. 12-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 2 \s1 مۇشەققەتكە قارىماي رەبنىڭ خىزمىتىدە بولۇش \m \v 1 شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛ \v 2 ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «... سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن»\+bd* ــ نېمىشقا پاۋلۇس «كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭ» دەيدۇ؟ بۇ «گۇۋاھچىلار»نىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئويلىشىمىزچە: (1) گەرچە ئېتىقادتا كۆپ «چوڭقۇر سىرلار» بولسىمۇ، بۇ سىرلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ئىنجىلدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؛ ھەقىقىي ئېتىقادتا ھېچقانداق «مەخپىي تەلىم»لەر ۋە «ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئادەملەرگە ۋەھىي قىلىنغان» تەلىملەر يوقتۇر؛ (2) مۇشۇ ئېتىقادچى گۇۋاھچىلار پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللارنىڭ تەلىملىرىنىڭ بىرخىل ئىكەنلىكىگە ئىسپات بېرەلەيتتى.\f*  \x + \xo 2:2 \xt تىت. 1‏:5. \x* \v 3 ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن»\+bd* ــ (8:1دە ئېيتىلغاندەك) «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە تارتقىن» ــ گرېك تىلىدا «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە \+bd بىرگە\+bd* تارتقىن». دېمەك، ھەر دەۋردە ئېتىقادچىلار تارتىشقا تېگىشلىك خارلىق-مۇشەققەت بار؛ تىموتىينىڭ پاۋلۇس (ۋە باشقى ئېتىقادچىلار) بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە خارلىق-مۇشەققەت تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ.\f* \v 4 جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك.\x + \xo 2:4 \xt 1كور. 9‏:25. \x* \v 5 مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ»\+bd* ــ «مۇسابىقە قائىدىلىرى» ــ كونا زامانلاردا بۇ «قائىدىلەر» ھەم مۇسابىقىنىڭ ئۆزىنى ۋە مۇسابىقىگە بولغان تەييارلىق-تەربىيىلەشلەرنىمۇ باشقۇراتتى.\f* \v 6 ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ھوسۇلىدىن بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولۇشى تېگىشلىكتۇر.\x + \xo 2:6 \xt 1كور. 9‏:10. \x* \v 7 بۇ سۆزلىرىم ئۈستىدە ياخشى ئويلا، شۇنىڭ بىلەن رەب ساڭا ھەممە ئىشتا يورۇتىدۇ. \m \v 8 سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ»\+bd* ــ «داۋۇت» بولسا داۋۇت پادىشاھ-پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە. \+bd «سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 9 بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ! \x + \xo 2:9 \xt ئ‍ەف. 3‏:13،1؛ 4‏:1؛ فىل. 1‏:7؛ كول. 1‏:24؛ 4‏:3،18؛ 2تىم. 1‏:8. \x* \v 10 ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، \add خۇدا\add* تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. \m \v 11 تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ــ \b \m «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، \m ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز.\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز...»\+bd* ــ «ئۇنىڭ بىلەن» دېگەنلىك مەسىھ بىلەن، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:11 \xt رىم. 6‏:8. \x* \m \v 12 قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، \m ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. \m بىز ئۇنىڭدىن تانساق، \m ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.\x + \xo 2:12 \xt مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 9‏:26؛ 12‏:9؛ رىم. 8‏:17؛ 2كور. 4‏:10؛ فىل. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:13. \x* \m \v 13 بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛ \m چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ».\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ»\+bd* ــ «چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ» ياكى «چۈنكى ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ». بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:13 \xt چۆل. 23‏:19؛ رىم. 3‏:3؛ 9‏:6. \x* \b \m \s1 خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتكار \m \v 14 بۇ ئىشلارنى داۋاملىق \add قېرىنداشلارنىڭ\add* سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ. \v 15 ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛ \v 16 لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ. \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «بۇنداق (كىشىلەر)... تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ» گرېك تىلىدا «بۇنداق (كىشىلەر)... تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا ئالغا باستۇرىدۇ» دېگەن كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 2:16 \xt 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. \x* \v 17 مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛ \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «يامراپ كېتىدۇ» گرېك تىلىدا «ئوت-چۆپلەرنى يەپ كېتىدۇ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پاۋلۇس شۇ سۆزى بىلەن: بۇلارنىڭ گەپلىرى «خۇدانىڭ قويلىرى» بولغان ئېتىقادىچلار ئىستېمال قىلىشى كېرەك بولغان «ئوزۇق»نى، يەنى «ساغلام تەلىم»نى يوققا چىقىرىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ.\f* \v 18 ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلار ھەقىقەتنى نىشان قىلماي (چەتنەپ كېتىپ)...». \+bd «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى»\+bd* ــ بۇ بىدئەت تەلىمنىڭ مەنىسى بەلكىم تۆۋەندىكى ئىككى خىل خاتا قاراشنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك: ــ (1) «ئادەملەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ (بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە ھەقىقەت، ئەلۋەتتە). ئەمدى تىرىلىش پەقەت شۇ روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە بولمايدۇ»، ياكى: (2) «بىز ئەيسا مەسىھگە ئىشەنگەنلەردە سۇغا ۋە روھقا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن بىزنىڭ «تىرىلگەن تەن»ىمىز بار بولىدۇ. شۇڭا ھازىرقى تېنىمىز كېسەل بولمايدۇ، ھېچ ئۆلمەيدۇ».\f* \m \v 19 ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر. \f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:19 \xt چۆل. 16‏:5؛ يـۇھ. 10‏:14. \x* \v 20 باي-باياشات ئادەمنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارلا ئەمەس، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. قاچا-قۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بەزىلىرى پەس كۆرۈلىدۇ. \x + \xo 2:20 \xt رىم. 9‏:21. \x* \v 21 ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ.\f □ \fr 2:21 \ft \+bd «ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ»\+bd* ــ «خوجايىنىمىز»: ــ ئىگىمىز، ئەلۋەتتە. بۇ مۇھىم ئايەت توغرلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 22 شۇڭلاشقا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن، پاك قەلب بىلەن رەبگە نىدا قىلغۇچى بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ ئىزدە. \x + \xo 2:22 \xt 1تىم. 6‏:11. \x* \v 23 لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. \x + \xo 2:23 \xt 1تىم. 1‏:4؛ 6‏:4؛ تىت. 3‏:9. \x* \v 24 ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ \x + \xo 2:24 \xt 1تىم. 3‏:2. \x* \v 25 شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛ \f □ \fr 2:25 \ft \+bd «...شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن»\+bd* ــ «ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا» دېگەن ئىبارە ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلغىنى بىلەن، گرېك تىلىدا شۇنداق ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، ھەقىقەتنى جاكارلىغۇچىغا قارشى چىقسا، ئەمەلىيەتتە ئۇ خۇدا ئۆزىگە قىلماقچى بولغان ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولۇپ، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. «پەند.» 36:8 كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:25 \xt پەند. 8:36؛ 9:12؛ 11:17؛ گال. 6‏:1. \x* \v 26 بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.\f □ \fr 2:26 \ft \+bd «بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن (خۇدانىڭ) ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا قۇتۇلالايدۇ».\f* \b \b \m \c 3 \s1 ئاخىر زامان \m \v 1 ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ»\+bd* ــ «ئېغىر كۈنلەر» گرېك تىلىدا يەنە «خەتەرلىك كۈنلەر»نىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:1 \xt 1تىم. 4‏:1؛ 2پېت. 2‏:3؛ يەھ. 18. \x* \v 2 ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، \v 3 كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، \v 4 ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، \v 5 سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «...سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر»\+bd* ــ 1-5-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:5 \xt مات. 18‏:17؛ رىم. 16‏:17؛ 2تېـس. 3‏:6؛ تىت. 3‏:10؛ 2يۇھ. 10. \x* \v 6 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللار...»\+bd* ــ ياكى «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاجىز ئاياللار...».\f*  \x + \xo 3:6 \xt مات. 23‏:14؛ تىت. 1‏:11. \x* \v 7 بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. \v 8 ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ \add ئازدۇرغۇچىلارمۇ\add* ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ»\+bd* ــ «مىس.» 11:7، 22، 7:8، 18نى كۆرۈڭ. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىشتىن بۇرۇن، مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرى مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى (ياننىس بىلەن يامبرىس) تەۋراتتا دېيىلگەن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ باشقا تارىخىي كىتابلىرىدا تېپىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:8 \xt مىس. 7‏:11. \x* \v 9 لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى \add ياننىس بىلەن يامبرىس\add*نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ. \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ۋەسىيەتلىرى؛ ئۆگەنگەنلىرىڭدە داۋاملىق ماڭغىن \m \v 10‏-11 لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. \f □ \fr 3:10‏-11 \ft \+bd «جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ...»\+bd* ــ «ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەر»: ــ بۇ بىر-بىرىگە يېقىن ئۈچ يۇرتتا بولغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مەلۇماتلار «روس.» 13-14-بابتا تېپىلىدۇ. تىموتىي ئۆزى لىسترالىق ئىدى؛ پاۋلۇس دۇچ كەلگەن بۇ زىيانكەشلىكلەر تىموتىينىڭ مەسىھگە ئېتىقاد قىلىشىغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f*  \x + \xo 3:10‏-11 \xt زەب. 34‏:19؛ روس. 13‏:50؛ 14‏:19؛ 2كور. 1‏:10\x* \v 12 دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. \x + \xo 3:12 \xt مات. 16‏:24؛ لۇقا 24‏:26؛ يـۇھ. 17‏:14؛ روس. 14‏:22؛ 1تېس. 3‏:3. \x* \v 13 لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ. \v 14 لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كىملەر» دەپ دېيىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «كىم» دەپ ئوقۇش توغرا، چۈنكى پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئۈلگە بولغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيدۇ. تۆۋەندىكى 15-ئايەتتە ئۇ باشقا كىشىلەر (تىموتىينىڭ چوڭ ئانا ۋە ئانىسى)نىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ.\f* \v 15 ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. \v 16 پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى» دېگەن ئىبارە يازمىلاردىكى ھەربىر سۆز-ئايەتنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. \fp «خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان» گرېك تىلىدا «خۇدا نەپىسى بىلەن كىرگۈزۈپ يېزىلغان» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «نەپەس» بىر سۆز.\f*  \x + \xo 3:16 \xt 2پېت. 1‏:21. \x* \v 17 بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ. \b \b \m \c 4 \m \v 1 مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى،\x + \xo 4:1 \xt رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 6‏:13. \x* \v 2 \add خۇدانىڭ\add* سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا»\+bd* ــ «ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى، خەقلەر خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلسۇن قىلمىسۇن، ئۇلارغا ياقسۇن ياقمىسۇن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ۋەزىپىسى ھامان ئامال قىلىپ سۆز-كالامنى ئۇلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.\f* \v 3 چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «... قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ»\+bd* ــ «قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن» گرېك تىلىدا «قۇلاقلىرى قىچىشقان بولۇپ،..» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە: «ئۇلار ھەردائىم يېڭى نەرسىلەرنى ئاڭلىغاچقا» دېگەن باشقا بىرخىل چۈشەنچىنىمۇ بېرىدۇ.\f* \v 4 ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ. \v 5 لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن. \v 6 چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى»\+bd* ــ پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەۋرات دەۋرىدىكى قۇربانلىقلار ئۈستىگە تۆكۈلىدىغان «شاراب ھەدىيە»گە ئوخشىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، ئۇنىڭ يېقىن ئارىدا بولىدىغان ئۆلۈمىنى قۇربانلىققا ئەمەس، پەقەت بىر «شاراب ھەدىيە»گە ئوخشىتىدۇ، خالاس. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ مەنىسى «ئۇلۇغ قۇربانلىق» ئەيسا مەسىھنىڭكىدۇر.\f*  \x + \xo 4:6 \xt 2پېت. 1‏:14. \x* \v 7 گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم»\+bd* ــ «كۈرەش» (قاتتىق ئېلىشىش مۇسابىقىسى، گرېك تىلىدا «ئاگون») دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى (12:6 توغرۇلۇق) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 8 ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ \add غەلىبە\add* تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ»\+bd* ــ «شۇ كۈنى» رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:8 \xt 1كور. 9‏:25؛ 1پېت. 5‏:4. \x* \b \m \s1 خۇسۇسىي تاپشۇرۇقلار؛ ئاخىرقى سۆزلەر \m \v 9 ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كەل. \v 10 چۈنكى دېماس بۇ ھازىرقى دۇنيانى تاما قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنى تاشلاپ تېسالونىكا شەھىرىگە كەتتى. كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. \x + \xo 4:10 \xt كول. 4‏:14؛ فلم. 24. \x* \v 11 يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەل، چۈنكى ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا كۆپ ئەسقاتىدۇ. \x + \xo 4:11 \xt روس. 15‏:37؛ كول. 4‏:10،14؛ فلم. 24. \x* \v 12 تىكىكۇسنى بولسا ئەفەسۇس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. \x + \xo 4:12 \xt روس. 20‏:4؛ كول. 4‏:7. \x* \v 13 كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.\f* \v 14 مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا تولا ئەسكىلىك قىلدى. رەب ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق ياندۇرماي قالمايدۇ. \x + \xo 4:14 \xt 1تىم. 1‏:20. \x* \v 15 سەن ھەم ئۇنىڭدىن ھوشيار بول؛ چۈنكى ئۇ بىز يەتكۈزگەن سۆزلىرىمىزگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. \m \v 16 تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي! \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي!»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.\f* \v 17 لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم. \f □ \fr 4:17 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم»\+bd* ــ پاۋلۇس قەيسەر نېرونىڭ بىرىنچى سورىقىدىن قۇتۇلدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 18 رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! \b \m \s1 ئاخىرقى سالام \m \v 19 پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت.\f □ \fr 4:19 \ft \+bd «پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت»\+bd* ــ «پرىسكا» بولسا «پرىسكىللا»نىڭ قىسقارتىلغان شەكلى («روس.» 2:18). ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ئەر-ئايال ئىدى.\f*  \x + \xo 4:19 \xt روس. 18‏:2؛ رىم. 16‏:3. \x* \m \v 20 ئېراستۇس كورىنت شەھىرىدە قالدى. لېكىن تروفىمۇس كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېتۇس شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. \m \v 21 قىش چۈشۈپ كەتكۈچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەرگە كەلگىن. \m يۇبۇلۇس، پۇدىس، لىنوس، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. \v 22 رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي! مېھىر-شەپقەت سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! \f □ \fr 4:22 \ft \+bd «رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «رەب روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» دېيىلىدۇ.\f*