\id 2TH \h تېسالونىكالىقلارغا «2» \toc1 تېسالونىكالىقلارغا «2» \toc2 تېسالونىكالىقلارغا «2» \toc3 2تېس. \mt1 تېسالونىكالىقلارغا «2» \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ \m \v 1 مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام»\+bd* ــ «تېسالونىكا شەھىرى» ــ قەدىمكى گرېتسىيەدىكى بىر شەھەر ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى نامى «سالونىكا» بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدە.\f* \v 2 خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي!\x + \xo 1:2 \xt 1كور. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:1؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \b \m \s1 ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىكى رىغبەت-تەسەللى \m \v 3 سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ...، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بىرىنچى خېتىدىكى دۇئاسى ھەم ئۆتۈنۈشلىرى ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ «1تېس.» 12:3، 10:4نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:3 \xt ئ‍ەف. 1‏:15؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2. \x* \v 4 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛\x + \xo 1:4 \xt 1تېس. 2‏:19. \x* \v 5 بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر»\+bd* ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشلىرى ھەم تېسالونىكادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \fp \fp بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:5 \xt 1تېس. 2‏:14؛ يەھ. 6. \x* \v 6‏-7 شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟\x + \xo 1:6‏-7 \xt زەك. 2‏:12؛ 1تېس. 4‏:16. \x* \v 8 شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «شۇ چاغدا ئۇ (مەسىھ) خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ»\+bd* ــ «يەر.» 25:10، «زەب.» 6:79 ۋە «يەش.» 15:66نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:8 \xt يەر.» 10‏:25؛ زەب. 79‏:6؛ يەش. 66‏:15؛ رىم. 2‏:8؛ 2پېت. 3‏:7. \x* \v 9 بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ»\+bd* ــ ياكى بولمىسا: «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇردىن بولغان مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ».\f*  \x + \xo 1:9 \xt يەش. 2‏:19. \x* \v 10 ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ.\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «ئۇ (مەسىھ) ... شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە ... ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ»\+bd* ــ «ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بۇ بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. \fp «ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىدە... ئىشەنگەنلەردە...». بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: (1) «رەب ئەيسانىڭ گۈزەللىكى ۋە پەزىلىتى ئۆز بەندىلىرى، يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ» ۋە: (2) «ئۇنىڭ بۇ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە، يەنى ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئالەمگە كۆرۈنىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 1:10 \xt روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \m \v 11 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز \add ئۇلۇغ\add* چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي. \v 12 شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. \b \b \m \c 2 \s1 رەبنىڭ كۈنى، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» ۋە دەججال توغرۇلۇق \m \v 1 ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى، \v 2 ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار!\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «... «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار!»\+bd* ــ «رەبنىڭ كۈنى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» دېگەن مۇھىم تېما توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:2 \xt يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 1يۇھ. 4‏:1. \x* \m \v 3 بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «\add چوڭ\add* يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «چۈنكى ئاۋۋال «\+bd*\+bdit چوڭ\+bdit* يېنىش» بولۇپ،... » ــ «چوڭ يېنىش» بەلكىم «ئېتىقادتىن چوڭ تېنىش»نى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «\+bd*\+bdit چوڭ\+bdit* يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ» ــ بۇ مۇھىم ئايەتتىكى «چوڭ يېنىش» («ئېتىقادتىن چىقىپ، ئايرىلىش»)، «گۇناھلىق ئادەم» ۋە «ھالاكەتكە مەھكۈم قىلىنغۇچى ئادەم» (دەججال) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp بەزى ئالىملار «چوڭ يېنىش»نى «(خۇداغا قارشى) چوڭ توپىلاڭ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۆز تەرجىمىمىزگە ئىسپات بېرىمىز.\f*  \x + \xo 2:3 \xt مات. 24‏:23؛ 1تىم. 4‏:1؛ 1يۇھ. 2‏:18. \x* \v 4 شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 13:14-14، «دان.» 36:11، «ئەز.» 2:28-9نى كۆرۈڭ. بۇ ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «ئىبادەتخانا» مۇشۇ ئايەتتە ئەسلى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «مۇقەددەس جاي»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:4 \xt دان. 7‏:25؛ 8‏:11؛ 11‏:36؛ مات. 24‏:15؛ ۋەھ. 13‏:1-8\x* \v 5 مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ \v 6 ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىلەرگە مەلۇم. \v 7 چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا؛ لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر؛ ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ؛\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا»\+bd* ــ «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» (گرېك تىلىدا «قانۇننى يوقاتقۇچى سىر») توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. \+bd «لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر»\+bd* ــ 3-4-ئايەتتىكى ««گۇناھىي ئادەم («ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم»)نىڭ مەيدانغا چىقىشنى توسۇش» بىلەن «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچنى توسۇش»نىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئىككى ئىشنى توسۇغۇچى بىزنىڭچە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىدۇر. بەزى ئالىملارنىڭ بۇ توغرۇلۇق باشقىچە پىكىرلىرىمۇ بار؛ كۆزقارىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى «قوشۇنچە سۆز»ىمىزدە ئېيتىمىز. \fp «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» (گرېك تىلىدا «قانۇننى يوقاتقۇچى سىر») توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. \+bd «ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئوتتۇرىدىن يۆتكىۋېتىلگۈچە...». «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» بەلكىم شەيتاننىڭ ئاستىرتىن دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنى، بارلىق دۆلەتلەرنى ھەرخىل قانۇننى، شۇنداقلا بارلىق ئەخلاق پرىنسىپلارنى بۇزۇش تەرەپكە ئاستا-ئاستا قۇترىتىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياننىڭ ئەۋجىگە چىقىشى دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بولىدۇ. \+bd «ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 8 ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ.\x + \xo 2:8 \xt ئايۇپ 4‏:9؛ يەش. 11‏:4. \x* \v 9 «قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، \x + \xo 2:9 \xt قان. 13‏:2؛ يـۇھ. 8‏:41؛ 2كور. 4‏:4؛ ئ‍ەف. 2‏:2؛ ۋەھ. 13‏:13. \x* \v 10 ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. \x + \xo 2:10 \xt 2كور. 2‏:15؛ 4‏:3. \x* \v 11 شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. \x + \xo 2:11 \xt رىم. 1‏:24؛ 1تىم. 4‏:1. \x* \v 12 نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. \b \m \s1 قەتئىي تەۋرەنمەڭلار! \m \v 13 لېكىن، ئەي، رەب سۆيگەن قېرىنداشلار، بىز سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى. \f □ \fr 2:13 \ft \+bd «خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.\f* \v 14 ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى شۇ نىجاتقا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشكە چاقىردى. \m \v 15 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمنى چىڭ تۇتۇڭلار!\x + \xo 2:15 \xt 2تېـس. 3‏:6. \x* \m \v 16‏-17 ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي!\f □ \fr 2:16‏-17 \ft \+bd «ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي!»\+bd* ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، «رىغبەتلەندۈرگەي» ھەم «كۈچلەندۈرگەي» دېگەن پېئىللار گرېك تىلىدىكى «بىرلىك شەخس» شەكلىدىدۇر. دېمەك، «خۇدائاتا» ۋە «رەب ئەيسا» بىر شەخستەك ئىش قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:16‏-17 \xt 1تېس. 3‏:13. \x* \b \b \m \c 3 \s1 بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار \m \v 1 ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، \add ھەرقانداق يەردە\add* تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «... بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، (ھەرقانداق يەردە) تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن»\+bd* ــ «تېز تارقالسۇن» گرېك تىلىدا «يۈگۈرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 3:1 \xt مات. 9‏:38؛ ئ‍ەف. 6‏:19؛ كول. 4‏:3. \x* \v 2 شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ.\x + \xo 3:2 \xt يـۇھ. 6‏:44؛ رىم. 15‏:31. \x* \v 3 ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ. \f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ئۇ (رەب) سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ»\+bd* ــ «رەزىل بولغۇچى» شەيتان، ئىبلىس. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ (رەب) سىلەرنى رەزىللىكتىن ساقلايدۇ».\f*  \x + \xo 3:3 \xt يـۇھ. 17‏:15؛ 1تېس. 5‏:24. \x* \m \v 4 ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز. \v 5 ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي»\+bd* ــ «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» ئاۋۋال ئۇنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتى، ئاندىن بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىز؛ «مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقى» ئاۋۋال مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋر-چىداملىقى، ئاندىن بىزنىڭ ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر-چىداملىق بولۇشىمىز.\f* \b \m \s1 ئىشلىگەن چىشلەيدۇ \m \v 6 ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار»\+bd* ــ «تەرتىپسىز يۈرگەنلەر» كېيىنكى ئايەتلەردىن ئېنىقكى، «بىكار تەلەپلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:6 \xt 1كور. 5‏:11؛ 2تېـس. 2‏:15؛ 3‏:14؛ تىت. 3‏:10. \x* \v 7 بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق.\x + \xo 3:7 \xt 1كور. 11‏:1؛ 1تېس. 1‏:6، 7؛ 2تېـس. 2‏:10. \x* \v 8 ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق.\x + \xo 3:8 \xt روس. 18‏:3؛ 20‏:34؛ 1كور. 4‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13؛ 1تېس. 2‏:9. \x* \v 9 بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. \x + \xo 3:9 \xt 1كور. 4‏:16؛ 9‏:3، 6؛ 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2‏:9. \x* \v 10 چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق. \v 11 چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق»\+bd* ــ گرېك تىلىدا روسۇل پاۋلۇس چاقچاق قىلىپ: «... ھېچ ئىش قىلمايدە، لېكىن ھەرتەرەپتە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىدا بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق» دەيدۇ.\f* \v 12 بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار. \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى...»\+bd* ــ «مۇشۇنداقلار» ــ دېمەك، 11-ئايەتتىكى «تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلار». «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:12 \xt ئ‍ەف. 4‏:28؛ 1تېس. 4‏:11. \x* \v 13 لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار.\x + \xo 3:13 \xt گال. 6‏:9. \x* \m \v 14 ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار. \x + \xo 3:14 \xt مات. 18‏:17؛ 1كور. 5‏:9؛ 2تېـس. 3‏:6. \x* \v 15 بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار. \b \m \s1 تىلەكلەر \m \v 16 خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي»\+bd* ــ «خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب» گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ رەببى» ياكى «خاتىرجەملىك بەرگۈچى رەب» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى رەبدۇر.\f*  \x + \xo 3:16 \xt رىم. 15‏:33؛ 16‏:20؛ 1كور. 14‏:33؛ 2كور. 13‏:11؛ فىل. 4‏:9؛ 1تېس. 5‏:23. \x* \m \v 17 مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ ھەربىر خېتىدىكى بىرنەچچە قۇرنى ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىش ئادىتى بار ئىدى؛ بۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا ساختا خەتلەرنى يېزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئۆزىنىڭ كۆزى ئاجىز بولغاچقا، خەتلىرىنى ئادەتتە كاتىپقا يازدۇراتتى. («گالاتىيالىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى ھەم 11:6دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:17 \xt 1كور. 16‏:21؛ كول. 4‏:18. \x* \v 18 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!