\id 2PE \h پېترۇس «2» \toc1 پېترۇس «2» \toc2 پېترۇس «2» \toc3 2پېت. \mt1 پېترۇس «2» \c 1 \s1 «روسۇل پېترۇس يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ» •••• سالام \m \v 1 ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام!\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇس»\+bd* ــ «سىمېئون» باشقا يەرلەردە «سىمون» دېيىلىدۇ. \+bd «خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ»\+bd* ــ بۇ ئىبارىدىن ئېنىقكى، ئەيسا (تەبىئىتىدە) ھەم خۇدا ھەم خۇتقۇزغۇچىدۇر. \+bd «بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام!»\+bd* ــ «ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغان» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇكى، ھەقىقىي ئېتىقاد خۇدانىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ.\f* \v 2 سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي!\x + \xo 1:2 \xt يـۇھ. 17‏:3؛ رىم. 1‏:7؛ 1پېت. 1‏:2؛ يەھ. 2. \x* \b \m \s1 نىجاتتا ئۆسۈش \m \v 3 بۇ \add دۇئايىمنىڭ\add* ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بىزنى چاقىرغۇچى»\+bd* ــ مۇشۇ زات رەب ئەيسا مەسىھ، ئەلۋەتتە.\f* \v 4 ئۇ مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بەردى، بۇلار بىلەن سىلەر بۇ دۇنيادىكى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن بولغان ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدالىق تەبىئەتكە ئورتاق نېسىپ بولالايسىلەر.\x + \xo 1:4 \xt يەش. 56‏:5؛ يـۇھ. 1‏:12؛ رىم. 8‏:15؛ گال. 3‏:26. \x* \m \v 5 دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى،\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى،... (قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار)»\+bd* ــ «بىلىم» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يولى توغرۇلۇق بىلىم، ئەلۋەتتە.\f* \v 6 بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى، \v 7 ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار. \v 8 چۈنكى بۇ خۇسۇسىيەتلەر سىلەردە بار بولسا، شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇلار سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا \add ئىنتىلىشتە\add* ئىش-ئەمەلسىز ۋە مېۋىسىز قالدۇرمايدۇ.\x + \xo 1:8 \xt تىت. 3‏:14. \x* \v 9 ئەممە ئەگەر بىرسىدە بۇلار كەم بولسا، ئۇ كور ئادەمدۇر ــ ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغىنىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.\x + \xo 1:9 \xt يەش. 59‏:10؛ زەف. 1‏:17. \x* \b \m \v 10 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر \add خۇدا تەرىپىدىن\add* چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر»\+bd* ــ «تېيىلىپ كەتمەيسىلەر» دېگەن ئىبارىنى بەزىلەر بۇ ئىبارە نىجاتتىن مەھرۇم بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمىز (مەسىلەن، «ياق.» 2:3نى كۆرۈڭ، ئوخشاش سۆز شۇ ئايەتتە ئىشلىتىلىدۇ).\f* \v 11 شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر»\+bd* ــ «قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «كىرىش يولۇڭلار كەڭرىچىلىك بىلەن سىزلەرگە تەمىنلىنىدۇ» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 12 شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلارمۇ، شۇنداقلا بىزگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقەتتە مۇستەھكەملەنگەن بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. \v 13 دەرۋەقە، مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا، بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرىمەن. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا...»\+bd* ــ «چېدىرىم» ــ پېترۇسنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ مۇشۇ سۆز بىلەن ھەربىر ئېتىقادچىنىڭ تېنىنى ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان «ئىبادەت چېدىرى»غا ئوخشىتىدۇ. خۇدانىڭ ئۆز شان-شەرىپى بۇ «ئاددىي چېدىر»دا ماكانلاشتۇرۇلغان ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ھەربىر ئېتىقادچىنىڭ تېنىدە مەۋجۇتتۇر («يۇھ.» 14:1، 21:2، «1كور.» 9:3 ۋە 16، 19:6نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:13 \xt 2پېت. 3‏:1. \x* \v 14 چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. \f □ \fr 1:14 \ft \+bd «چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن»\+bd* ــ «يۇھ.» 18:21-19نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:14 \xt يـۇھ. 21‏:19،18؛ 2تىم. 4‏:6. \x* \v 15 بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن.\f □ \fr 1:15 \ft \+bd «مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ»\+bd* ــ «بۇ دۇنيادىن كېتىش»: ــ بۇ ئىبارە گرېك تىلىدا «ئەكسودوس» دېگەن سۆز («مىسىردىن چىقىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ («لۇقا» 31:9نى كۆرۈڭ). \+bd «بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن»\+bd* ــ «بۇ ئىشلار» بولسا: (1) مۇشۇ ئىككىنچى خەتنىڭ مەزمۇنىنى؛ (2) «يۇھ.» 21-بابتا خاتىرىلەنگەن ئىشلارنى (مەسىھنىڭ پېترۇسنىڭ دۇنيادىن كېتىش يولى توغرۇلۇق بېشارەتلىرى)نى كۆرسەتسە كېرەك. بىز بىرىنچى چۈشەنچىگە مايىلمىز.\f* \b \m \s1 خۇدا پەيغەمبەرلەرگە ئاتا قىلغان ئىشەنچلىك كالام-بېشارەتلەر \m \v 16 چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «بىز سىلەرگە ... ئۇقتۇرغىنىمىزدا ... بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز» دېگەن سۆز پېترۇسنىڭ ئۆزىنى ۋە يۇھاننا، ياقۇپ قاتارلىق روسۇللارنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشى (ياكى «قايتىپ كېلىشى»)»\+bd* ــ («ھازىر بولۇشى» گرېك تىلىدا «پارۇسىيا») دېگەن سۆزلەر بىرىنچىدىن مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزگىرىپ، شان-شەرىپى ئىچىدە كۆرۈنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («ماتتا» 17-باب، «ماركۇس» 9-باب، «لۇقا» 9-بابنى كۆرۈڭ). ئىككىنچىدىن، بۇ سۆزلەر يەنە ئىنجىلدا ئادەتتە مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ شان-شەرىپى ھەقىقەتەن ئايان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. \+bd «...بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز»\+bd* ــ «ئۇنىڭ» گرېك تىلىدا «ئاشۇنىڭ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە «ئاشۇنىڭ» دېگەن سۆز پېترۇسنىڭ مەسىھكە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ۋە يېقىن مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 1:16 \xt مات. 17‏:1؛ يـۇھ. 1‏:14؛ 1كور. 1‏:17؛ 2‏:1، 4؛ 4‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:1. \x* \v 17 چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى. \f □ \fr 1:17 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى»\+bd* ــ «ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەر» بولسا ئاسمان، ئەرشتۇر.\f*  \x + \xo 1:17 \xt مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ كول. 1‏:13. \x* \v 18 مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق»\+bd* ــ «ماتتا» 17-باب، «ماركۇس» 9-باب، «لۇقا» 9-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 19 ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر).\f □ \fr 1:19 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە بۇنىڭدىن \+bd تېخىمۇ\+bd* ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام (پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن سۆز-كالام) باردۇر». پېترۇس بۇ يەردە: «پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى ھەتتا مېنىڭ گۇۋاھلىقىمدىنمۇ ئىشەنچلىكتۇر (چۈنكى مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچىلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەرگەن بېشارەتلىرى ناھايىتى كۆپ؛ بېشارەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاللىقاچان كۆز ئالدىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دېگەندەك)؛ بۇ ئۇلۇغ سۆزلەر ھەممىمىزدە بار» دېمەكچى بولسا كېرەك. \+bd «سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر)»\+bd* ــ «تاڭ سۈزۈلگۈچە» ــ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە. \fp «تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە» ــ «تاڭ يۇلتۇزى»، شۈبھىسىزكى، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر («چۆل.» 17:24نى كۆرۈڭ). بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، تاڭ يۇلتۇزى تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇن ئايان بولغاندەك، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېتىقادچىلارنىڭ قەلبىدە بىرخىل ئويغانغان سېزىم، ئۇنىڭ كېلىشىگە باغلانغان ئالاھىدە بىرخىل كۈچلۈك ئارزۇ-تەشنا پەيدا بولۇشى مۇمكىن («1تېس.» 6:5-10نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:19 \xt 2كور. 4‏:6؛ ۋەھ. 22‏:16. \x* \m \v 20 شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «... مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس»\+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس». \fp بۇ ئايەتنىڭ يەنە ئۈچ خىل تەرجىمە-چۈشەنچسى بار: ــ (1) ئادەملەرنىڭ خالىغانچە ۋەھىيلەرگە شەخسىي تەبىر بېرىشىگە بولمايدۇ؛ (2) بېشارەت-ۋەھىيلەرگە ئايرىم شەرھ بېرىشكە بولمايدۇ (يەنى، باشقا بېشارەت-ۋەھىيلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشىمىز كېرەك)؛ (3) پەيغەمبەرلەر بەرگەن بېشارەت-ۋەھىيلەرنى چۈشەندۈرۈش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولمايدۇ (چۈنكى ئۇلار بەزىدە ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشەنمەيتتى ــ «1پېت.» 10:1-12نى كۆرۈڭ). بۇ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى (بولۇپمۇ 2-پىكىرنى) دۇرۇس دەپ قارىساقمۇ، بىزنىڭچە، بىزنىڭ تەرجىمىمىز كېيىنكى 21-ئايەتكە ئەڭ ماس كېلىدۇ.\f* \v 21 چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر.\f □ \fr 1:21 \ft \+bd «چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر»\+bd* ــ «مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن» گرېك تىلىدا «مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يۆتكىلىشى بىلەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:21 \xt 2تىم. 3‏:16. \x* \b \b \m \c 2 \s1 ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر \m \v 1 لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ئوخشاش يولدا ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ»\+bd* ــ «خەلق» بولسا ئىسرائىل خەلقى.\f*  \x + \xo 2:1 \xt قان. 13‏:2؛ مات. 24‏:11؛ روس. 20‏:29؛ 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1. \x* \v 2 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. \v 3 ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ.\x + \xo 2:3 \xt يەھ. 4. \x* \m \v 4 چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە،\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە...»\+bd* ــ «تەھتىسارانىڭ ھاڭى» گرېك تىلىدا «تارتارۇس» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ جاي تەھتىسارادىن ئايرىم تۇرىدۇ؛ قارىغاندا، بۇ يەر مۇشۇنداق گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرگە ئالاھىيتەن تەييارلانغان. \fp «زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر» ــ ياكى «زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى ئۆڭكۈرلەردە». \fp مۇشۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان پەرىشتىلەر ئەسلى شەيتان بىلەن بىللە خۇداغا ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنى ئەمەس، بەلكى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە گۇناھ قىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «يار.» 1:6-5 ۋە ئىزاھاتلار، «يەھ.» 6-7-ئايەتلەرنى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:4 \xt يەھ. 6؛ ۋەھ. 20‏:3. \x* \v 5 شۇنداقلا قەدىمكى دۇنيادىكىلەرنىمۇ ئاياپ قويماي، خۇداسىزلىققا بېرىلگەن دۇنيانى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە ــ \f □ \fr 2:5 \ft \+bd «پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى سەككىزىنچى كىشى نۇھنى ساقلاپ قالغان يەردە ...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 2:5 \xt يار. 7‏:23؛ 1پېت. 3‏:19. \x* \v 6 ھەمدە كېيىن سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى خۇداسىزلىققا بېرىلگەنلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ بېكىتىپ، بېشىغا كۈلپەتلىك جازانى چۈشۈرۈپ كۈل قىلغان،\x + \xo 2:6 \xt يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ئ‍ەز. 16‏:49؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ يەھ. 7. \x* \v 7 شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىدىن يىرگىنىپ ئازابلانغان، ھەققانىي بولغان لۇتنى ئۇلار ئارىسىدىن قۇتۇلدۇرغان يەردە ــ \x + \xo 2:7 \xt يار. 19‏:7، 8. \x* \v 8 (ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان ھەققانىي لۇتنىڭ ھەققانىي قەلبى ھەر كۈنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىتائەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئازابلىناتتى)\x + \xo 2:8 \xt زەب. 119‏:158. \x* \v 9 ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەب ئىخلاسمەنلەرنى دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ھەققانىيسىزلارنى سوراق كۈنىگىچە جازالىنىشقا ساقلاپ قويۇشنى بىلىدۇ. \x + \xo 2:9 \xt 1كور. 10‏:13. \x* \v 10 بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «\add روھىي\add* ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر. \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ»\+bd* ــ «ھوقۇق ئىگىلىرى» دېگەنلىك شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە پادىشاھلار، ۋالىيلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەمەلدارلارنى، شۇنداقلا خۇدا بېكىتكەن ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «روھىي ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر»\+bd* ــ «روھىي ئۇلۇغلار» ئەينى تېكىستتە «روھىي» دېگەن سۆز يوق. لېكىن 11-ئايەتكە قارىغاندا چوقۇم ئەرشتىكى (يامان) كۈچلەر، يەنى جىن-شەيتانلارنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \v 11 ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «\add ئۇلۇغلار\add*»\add نى\add* ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ...»\+bd* ــ «ئۇلاردىن» ــ بەزىلەر مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار»نى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «ئۇلار» ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەر ئەلۋەتتە جىن-شەيتانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ! \+bd «... پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «ئۇلۇغلار»نى ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ»\+bd* ــ مەسىلەن، «يەھ.» 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 12 ئەمما بۇلار خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك كېلىپ، ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە ھاقارەتلىك سۆز قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ، \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «...شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ»\+bd* ــ «ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى» دېگەننىڭ باشقا مەنىسى «ئۇلار (يەنى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»)نىڭ ھالاكىتى» بولۇشى مۇمكىن. گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇلارنىڭ ھالاكىتى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:12 \xt يەر. 12‏:3؛ يەھ. 10. \x* \v 13 شۇنداقلا ئۆز ھەققانىيسىزلىقىغا تۇشلۇق جازانىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلار \add سىلەرگە\add* نومۇس ۋە داغ كەلتۈرۈپ سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئۆز مەككارلىقلىرىدىن زوقلىنىدۇ. \v 14 ئۇلارنىڭ زىناخورلۇق بىلەن تولغان كۆزلىرى گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ ئۇلار تۇتامى يوق كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ ئۇلار قەلبىنى ئاچكۆزلۈككە كۆندۈرگەن، لەنەتكە يېقىن بالىلاردۇر! \v 15 ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى، \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى»\+bd* ــ «چۆل.» 22-24-بابلاردا، بالائامنىڭ ئاتىسى «بېئور» دەپ ئاتىلىدۇ. «بوسور» ئۇنىڭ باشقا ئىسمى بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 2:15 \xt چۆل. 22‏:21،7؛ يەھ. 11. \x* \v 16 لېكىن ئۇ قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى). \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «لېكىن ئۇ (بالائام «پەيغەمبەر») قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى)»\+bd* ــ «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام» توغرۇلۇق: مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدىكى پادىشاھلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئاشۇ پادىشاھلاردىن بىرى بېئورنىڭ ئوغلى بالائام دېگەن «پەيغەمبەر»نى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئەگەر ئۇ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇسا، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل بەرمەكچى بولىدۇ. خۇدا بالائامنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمىسىمۇ، بالائام بەرىبىر پۇلنى دەپ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇماقچى بولۇپ يولغا چىقىدۇ. مانا بۇ «بالائام پەيغەمبەرنىڭ يولى» دېيىلىدۇ. بىراق خۇدا بالائامنىڭ ئېشىكىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق: «مانا سېنىڭ ئېشىكىڭ مېنىڭ ئاۋازىمنى سەندىن ياخشى تونۇيدۇ» دېگەندەك، شۇ يولنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. «چۆل.» 22-24-بابلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:16 \xt چۆل. 22‏:21. \x* \v 17 مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان. \f □ \fr 2:17 \ft \+bd «مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان»\+bd* ــ قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھالى 4-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt يەھ. 12. \x* \v 18 چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ»\+bd* ــ «ئادەمنىڭ \+bd ئەتلىك\+bd* ھەۋەسلىرى» ــ «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدىكى «ئەت» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ. \fp «ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ» ــ ياكى «ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى ئاران قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ».\f* \v 19 ئۇلار مۇشۇ كىشىلەرگە «سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز» دەپ ۋەدە قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بۇزۇقلۇقنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. \x + \xo 2:19 \xt يـۇھ. 8‏:34؛ رىم. 6‏:16. \x* \v 20 چۈنكى ئەگەر ئۇلار رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ پاسىقلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇلارغا يەنە باغلىنىپ، بويسۇندۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ. \x + \xo 2:20 \xt مات. 12‏:45؛ ئىبر. 6‏:4؛ 10‏:26. \x* \v 21 چۈنكى ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى ئەسلىدىنلا بىلمىگىنى ئەۋزەل بولاتتى. \v 22 مۇشۇ ئىشەنچلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: ــ \m «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا قايتىدىن پاتقاقتا ئېغىنار».\f □ \fr 2:22 \ft \+bd «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر»\+bd* ــ بىرىنچى ھېكمەتلىك سۆز «پەند.» 11:26دىن ئېلىنغان. ئىككىنچىسىنىڭ مەنبەسى نامەلۇم.\f*  \x + \xo 2:22 \xt پەند. 26‏:11. \x* \b \b \m \c 3 \s1 رەبنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبى \m \v 1 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ھازىر سىلەرگە بۇ يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە سىلەرنىڭ ساپ كۆڭلۈڭلارنى ئويغىتىپ، شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئىنتىلدىمكى،\x + \xo 3:1 \xt 2پېت. 1‏:13. \x* \v 2 مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن. \m \v 3 ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ:\x + \xo 3:3 \xt 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1؛ يەھ. 18. \x* \v 4 «قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز \add ئۆلۈمدە\add* ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ.\x + \xo 3:4 \xt ئ‍ەز. 12‏:22. \x* \v 5 ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ»\+bd* ــ «ئەتەي ئۇنتۇيدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز بەڭباشلىقىدىن ئۇنتۇيدۇ».\f*  \x + \xo 3:5 \xt يار. 1‏:9؛ زەب. 24‏:2. \x* \v 6 شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى»\+bd* ــ «...شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن» دېگەن ئىبارە پەقەت سۇنىڭ ئۆزىنى ياكى سۇلار ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى تەڭ كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە سۇلار ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى تەڭ كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى (گرېك تىلىدا) ئالدىنقى جۈملىدە بۇ ئىككى ئىش ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا 7-ئايەتتە خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋاسىتە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:6 \xt يار. 7‏:21،10. \x* \v 7 ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ»\+bd* ــ «ئوخشاشلا شۇ سۆز» دېگەن ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ (يەنى، خۇدانىڭ) سۆزى». \fp «ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ» ــ پەقەت ساقلانغانلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ غەمخورلۇقىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 3:7 \xt زەب. 102‏:25-26؛ يەش. 51‏:6؛ 2تېـس. 1‏:8؛ ئىبر. 1‏:11؛ 2پېت. 3‏:10. \x* \m \v 8 ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر»\+bd* ــ رەب ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:8 \xt زەب. 90‏:4. \x* \v 9 رەب ئۆز ۋەدىسىنى \add ئورۇنداشنى\add* (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ \add ۋاقىتنى سوزماقتا\add*.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «رەب ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا»\+bd* ــ رەب قايتىپ كەلگەندە يەر يۈزىدىكىلەرگە توۋا قىلىش پۇرسىتى قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:9 \xt ئ‍ەز. 18‏:32؛ 33‏:11؛ يەش. 30‏:18؛ ھاب. 2‏:3؛ رىم. 2‏:4؛ 1تىم. 2‏:4؛ 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 3‏:15. \x* \m \v 10 لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك \add كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا\add* بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ. \f □ \fr 3:10 \ft \+bd «لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ»\+bd* ــ «رەبنىڭ كۈنى» (مەسىھنىڭ كېلىدىغان كۈنى) تەۋراتتىكى كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»دىكى «خۇدانىڭ كۈنى» توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ. \fp «ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك» ــ دېمەك، كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا. \+bd «ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى» ياكى «بارلىق ئاسمان جىسىملىرى». \fp «ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل ئىشلارمۇ» ياكى «ئۇنىڭدىكى بارلىق قىلغان ئىشلارمۇ». \fp \+bd «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «زېمىن ۋە ئۈستىدىكى بارلىق ئىشلار يالىڭاچ ئاشكارىلىنىدۇ» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 3:10 \xt مات. 24‏:44،43؛ 1تېس. 5‏:2؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. \x* \v 11 ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ــ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ، \v 12 خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ. \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ»\+bd* ــ «خۇدانىڭ كۈنى» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. \fp «كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «بارلىق ئاسمان جىسىملىرى».\f*  \x + \xo 3:12 \xt زەب. 50‏:3؛ 2تېـس. 1‏:8. \x* \v 13 لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر.\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر»\+bd* ــ «ئۇ يەر» ھەم يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننىمۇ كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:13 \xt يەش. 65‏:17؛ 66‏:22؛ ۋەھ. 21‏:1. \x* \m \v 14 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، \add شۇ تاپتا\add* خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار. \v 15 ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛ \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتى»\+bd* ــ ياكى «رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشى». \+bd «ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن ئىخچام جۈملە بولۇپ، بەلكىم: «خۇدانىڭ سەۋر-تاقىتى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە گۇناھىدىن قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە، دەپ بىلىڭلار» دېگەندەك مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. يەنە مۇمكىنچىلىكى باركى، «نىجات» مۇشۇ يەردە «بۇ دۇنيانىڭ ساقلىنىپ قېلىشى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن؛ نېمىلا بولمىسۇن ئايەتنىڭ ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش؛ بىز پەقەت بۇ دۇنيادا بولساقلا، بۈگۈن توۋا قىلىپ گۇناھلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش يولى ئوچۇق تۇرىدۇ، دەپ بىلىشىمىز لازىم. \+bd «دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان»\+bd* ــ «قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ... سىلەرگە يازغان» ــ پاۋلۇسنىڭ كۆپ خىزمىتى «يات ئەللەر»، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغاچقا، پېترۇسنىڭ بۇ خېتىمۇ بەلكىم يەھۇدىي بولمىغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان بولسا كېرەك.\f*  \x + \xo 3:15 \xt رىم. 2‏:4. \x* \v 16 بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.\x + \xo 3:16 \xt رىم. 8‏:19؛ 1كور. 15‏:24؛ 1تېس. 4‏:15. \x* \m \v 17 شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، \add مەن ئېيتقان\add* بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئېيتقان بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر...»\+bd* ــ «مەن ئېيتقان بۇ ئىشلار» بەلكىم روسۇل پېترۇسنىڭ يۇقىرىدا ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرۇلۇق ئاگاھلاندۈرۈشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار»\+bd* ــ «بۇ ئەخلاقسىزلار» گرېك تىلى نۇسخىسىدا 7:2دىمۇ ئوخشاش سۆز ئىشلىتىلىدۇ؛ دېمەك، «بۇ ئەخلاقسىزلار» دەل ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 18 ئەكسىچە، \add خۇدانىڭ\add* مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. \m ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! \f □ \fr 3:18 \ft \+bd «ئەكسىچە، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار»\+bd* ــ «ئۆسۈڭلار» بولسا روھىي ھاياتتا، ئىمان-ئېتىقاد جەھەتتە بولىدۇ. مۇشۇ روھىي ئۆسكەن ئادەم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە رەب ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا كۆپرەك نېسىپ بولىدۇ. دېمەك، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە رەب ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇش» ھەم روھىي ئۆسۈشنىڭ ۋاسىتىسى ھەم نەتىجىسىدۇر. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ھەم ئۇنىڭغا بولغان تونۇشتا داۋاملىق ئۆسۈڭلار».\f*