\id 2CO \h كورىنتۇسلۇقلارغا «2» \toc1 كورىنتۇسلۇقلارغا «2» \toc2 كورىنتۇسلۇقلارغا «2» \toc3 2كور. \mt1 كورىنتۇسلۇقلارغا «2» \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ \m \v 1 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بېكىتىلگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىنداش بولغان تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، خۇدانىڭ جامائىتىگە ۋە شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئاخايا ئۆلكىسىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام!\x + \xo 1:1 \xt فىل. 1‏:1. \x* \v 2 ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\x + \xo 1:2 \xt رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 3 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت-تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلغاي!\x + \xo 1:3 \xt ئ‍ەف. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:3. \x* \v 4 بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق.\x + \xo 1:4 \xt 2كور. 7‏:6. \x* \v 5 چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. \f □ \fr 1:5 \ft \+bd «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» بولسا بەلكىم پاۋلۇس ۋە بۇرادەرلىرىنىڭ مەسىھگە باغلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى خۇدادىن كەلگەن، بىرخىل ئىمتىياز ۋە بەرىكەت سۈپىتىدە قارايدۇ. «فىلىپپىلىقلارغا» بولغان «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە «مەسىھنىڭ ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك» توغرۇلۇق سۆزىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:5 \xt زەب. 34‏:19؛ 94‏:19. \x* \v 6‏-7 ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز.\f □ \fr 1:6‏-7 \ft \+bd «ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ»\+bd* ــ روسۇل پاۋلۇس ھەردائىم ئۆزى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر باشقىلاردا تەسەللى-رىغبەت ۋە نىجات ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دائىم ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىرخىل بەخت ۋە ئىمتىياز سۈپىتىدە رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى. «فىلىپپىلىقلارغا» بولغان «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە «مەسىھنىڭ ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك» توغرۇلۇق سۆزىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. \+bd «بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. \+bd «شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر»\+bd* ــ روسۇل، كورىنتتىكى قېرىنداشلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسىلا، بەلكىم ئېتىقادتىن تانىدۇ، دېگەن ئەنسىرەشتىن خالىي بولدۇم، دېمەكچى.\f*  \x + \xo 1:6‏-7 \xt 2كور. 4‏:17. \x* \v 8 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛\x + \xo 1:8 \xt روس. 19‏:23. \x* \v 9 ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «ئەمما ۆزىمىزگە ئەمەس،...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «دەرۋەقە، ئۆزىمىزگە ئەمەس...».\f*  \x + \xo 1:9 \xt يەر. 17‏:5، 7. \x* \v 10 ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛ \x + \xo 1:10 \xt 1كور. 15‏:31. \x* \v 11 سىلەرمۇ بۇنىڭدا ھەم بىز ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن مەدەت بېرىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق قىلىپ تالاي ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپات تۈپەيلىدىن تالاي ئادەملەر \add خۇداغا\add* رەھمەتلەر ئېيتىدىغان بولىدۇ.\x + \xo 1:11 \xt رىم. 15‏:30؛ 2كور. 4‏:15؛ فىل. 1‏:19. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ زىيارەتنى كەينىگە سۈرۈشى \m \v 12 چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق. \v 13‏-14 چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. \f □ \fr 1:13‏-14 \ft \+bd «چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»\+bd* ــ كورىنتلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاۋلۇس ۋە تىموتىينى چۈشەنمىگەن يەرلىرى تولا ئىدى. مۇشۇ يەردە پاۋلۇس ئۆزىنىڭ «ئۇلاردىن مۇستەقىل» تەكەببۇر ئادەم ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ رىغبەتلەندۈرىدۇ. پاۋلۇس ئۆزىنى ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئېھتىياجلىق، دەيدۇ (12). شۇڭا «رەب ئەيسانىڭ كۈنى» (دۇنياغا قايتىش كۈنى)دە ئۇلارنىڭ پاۋلۇس ھەم تىموتىيدا بولغان تۆھپىسى كۆرۈلىدۇ (دېمەك، شۇ كۈنىدە «بىزلەرمۇ سىلەرنىڭ پەخىرىڭلار بولىمىز»).\f* \v 15 شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛ \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم»\+bd* ــ «ئاۋۋال» بەلكىم «ماكېدونىياغا بېرىشتىن ئاۋۋال» دېگەن مەنىدە (16-ئايەت، «1كور.» 5:16-6، «2كور.» 12:2نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:15 \xt 1كور. 16‏:5. \x* \v 16 يەنى، قېشىڭلاردىن ماكېدونىيەگە ئۆتۈپ، ئاندىن ماكېدونىيەدىن يەنە قېشىڭلارغا كېلىشنى، شۇنداقلا سىلەر تەرىپىڭلاردىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ئۇزىتىلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدىم. \v 17 مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟ مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟ \f □ \fr 1:17 \ft \+bd «مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ ئوي-نىيىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغانىدى. شۇڭا كورىنتلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى «تۇتامى يوق ئادەم» دەپ ئەيىبلەيتتى. \+bd «مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟»\+bd* ــ ««ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك» دېگەن نېمە مەنىسى؟ «ئەتلىك» بولسا ئىنسانلارنىڭ ئادەتتە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارغا تايانماسلىق كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ قارغۇلارچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 18 ئەمما خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرغىنىدەك، بىزنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىمىز بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» بولمايدۇ؛ \x + \xo 1:18 \xt مات. 5‏:37؛ ياق. 5‏:12. \x* \v 19 چۈنكى بىز (مەن ۋە سىلۋانۇس ۋە تىموتىي)نىڭ ئاراڭلاردا جاكارلىغىنىمىز ــ خۇدانىڭ ئوغلى، ئەيسا مەسىھ، بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» ئەمەستۇر؛ بەلكى ئۇنىڭدا «بەرھەق»لا باردۇر. \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «سىلۋانۇس»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئىنجىلدىكى باشقا يەرلەردە «سىلاس» شەكلىدە ئۇچرايدۇ (مەسىلەن، «روس.» 5:18).\f* \v 20 چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر. \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر»\+bd* ــ «ئامىن» دېگەن سۆز دۇئاغا، مەلۇم ئارزۇ-تىلەككە ياكى مەلۇم ۋەز-تەلىمگە «شۇنداق بولغاي، خۇدايىم!»، «قوشۇلدۇم!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 21 ئەمدى بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر. \f □ \fr 1:21 \ft \+bd «بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر»\+bd* ــ «مەسىھلىنىش» ياكى «مەسىھ قىلىنىش»نىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات «يەش.» 1:61دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. رەب ئەيسا مەسىھ خىزمىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنىپ» كۈچەيتىلگەندەك، ھەربىر ئېتىقادچى ئوخشاشلا مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغىنىدا، خۇدا بىزگە تاپشۇرغان خىزمەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) بىلەنمۇ «مەسىھ قىلىنىدۇ» شۇنداقلا روھتا كۈچەيتىلگەن بولىدۇ.\f* \v 22 ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ، قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى.\f □ \fr 1:22 \ft \+bd «ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ...»\+bd* ــ (مۇقەددەس روھ بىلەن) «مۆھۈر بېسىش» توغرۇلۇق «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئادەملىرىنىڭ ئۈستىگە: «مېنىڭكىدۇر» دەپ باسقان ئىگىدارچىلىق مۆھۈرىدۇر. \+bd «قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى»\+bd* ــ «ئۆز روھى» گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كاپالەت» توغرۇلۇق: ــبۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ \fp (1) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ «تولۇق مىراس»نى ئىگىلىۋالغۇچە، مۇقەددەس روھ ھەربىر ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ مىراسىنى تېتىتىپ، ۋۇجۇدىدا مىراسنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. \fp (2) يەنە كېلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ ئىشەنگۈچىنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ مىراسقا چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىغا خۇدانىڭ ئۆز كاپالىتىدۇر.\f*  \x + \xo 1:22 \xt رىم. 8‏:16؛ 2كور. 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30. \x* \b \m \s1 روسۇل پاۋلۇسنىڭ ئۇلارنى يوقلاپ بېرىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى \m \v 23 ئەمما خۇدانى ئۆز جېنىمغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەنكى، كورىنتقا تېخى بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى كۆڭلۇڭلارنى ئاياش ئۈچۈن ئىدى. \x + \xo 1:23 \xt رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. \x* \v 24 ھەرگىز ئۆزىمىزنى ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرمىز، دېمەك، بەلكى سىلەرنىڭ شاد-خۇراملىقىڭلارنى ئاشۇرۇشقا سىلەرگە ھەمكارلاشقۇچىلارمىز؛ چۈنكى سىلەر ئېتىقاد ئارقىلىقلا مەزمۇت تۇرىسىلەر. \x + \xo 1:24 \xt 1پېت. 5‏:3. \x* \b \b \m \c 2 \m \v 1 لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم»\+bd* ــ بۇ جۈملىدىن كۆرىمىزكى، پاۋلۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشى ئىككىلا تەرەپكە ئېغىر، ئازارلىق ئىش ئىدى. «ئىچىمدە ... قارارغا كەلدىم» دېگەن سۆز بەلكىم پەقەت ئۇلارنى دەپ ئەمەس، بەلكىم «ئۆزۈمگىمۇ ئازابلىق بولمىسۇن» دەپ شۇنداق قارار قىلدىم، دەپ پۇرىتىدۇ.\f* \v 2 چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟ \v 3 مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم.\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم»\+bd* ــ «شۇ خەت» بولسا «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، «كورىنتلىقلارغا (1)» ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر خەتنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:3 \xt 2كور. 8‏:22؛ گال. 5‏:10. \x* \v 4 چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد-ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. \b \m \s1 گۇناھكارنى قايتىدىن قوبۇل قىلىش \m \v 5 ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى. \v 6 بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر»\+bd* ــ بەزى ئالىملار «بۇنداق ئادەم»نى پاۋلۇس بىرىنچى خېتىدە ئالاھىدە ئەيىبلىگەن كىشى («1كور.» 5-باب) دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بولسا ئۇ كېيىنكى، كۆپ ئادەملەرگە «ئازار بەرگەن»، «زىيان-زەخمەت قىلغۇچى» يەنە بىر كىشى ئىدى (12:7 ۋە «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:6 \xt 1كور. 5‏:3. \x* \v 7 شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت-تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد-ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن. \v 8 شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن. \v 9 شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم»\+bd* ــ «ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلار»: پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىتائەتمەن بولۇشى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق كەلگەن سۆزىگە ئىتائەتمەن بولۇشىنى خالايتتى، ئەلۋەتتە.\f* \v 10 لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم. \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا ... مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم»\+bd* ــ «مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا»: باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەسىھنىڭ ۋۇجۇدىدا» ياكى «مەسىھنىڭ شەخسىيىتىدە» (دېمەك، مەسىھنىڭ ئورنىدا ياكى مەسىھنىڭ نامىدا). بۇنىڭ ۋە تەرجىمىمىزنىڭ مەنىسى ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق.\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز.\f □ \fr 2:11 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز»\+bd* ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 12 ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن \add پۇرسەت\add* ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن، \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇنداقلا رەبدە پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن...».\f*  \x + \xo 2:12 \xt روس. 16‏:8. \x* \v 13 قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم. \f □ \fr 2:13 \ft \+bd «قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم»\+bd* ــ زور مۇمكىنچىلىكى باركى، تىتۇس كورىنتتىكى قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان، لېكىن تېخى تروئاسقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كورىنتلىقلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقان پاۋلۇس تروئاستا تۇرغىنىدا كۆڭلى ئارام تاپمىدى. گەرچە خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا «پۇرسەت ئىشىكى ئېچىلغان» بولسىمۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن (ۋاقتىنچە) پايدىلانماي كورىنتلىقلارنىڭ خەۋىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تىتۇسنى ئىزدەپ ئۇ يەردىن كەتتى. بىر يىلدىن كېيىنمۇ تروئاستىكى بۇ «پۇرسەت ئىشىكى» تېخى ئوچۇق تۇرغان بولسا كېرەك («روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى» 6:20).\f* \v 14 ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر! \f □ \fr 2:14 \ft \+bd «ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان...خۇداغا تەشەككۈر!»\+bd* ــ «غالىبانە باشلايدىغان» گرېك تىلىدىكى بۇ سۆز ئادەتتە سەردار ياكى پادىشاھ زەپەر قۇچقان قوشۇنىنى شەرەپلىك، تەنتەنىلىك يۈرۈشتە ئۆز يۇرتىغا باشلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.\f*  \x + \xo 2:14 \xt كول. 1‏:27. \x* \v 15 چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ \v 16 كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇنداقكى: ــ «ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار» بولسا، «روھىي ئۆلۈم»دە تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۇ خەتەرلىك ئەھۋالىنى خۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا پۇرىتىدۇ؛ مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى تېپىۋاتقانلارغا بولسا، خۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ خۇشبۇيىنى، ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھايات-تۇرمۇشى ئارقىلىق پۇرىتىپ بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 2:16 \xt لۇقا 2‏:34. \x* \v 17 چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن \add ئەۋەتىلگەنلەر\add* سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز. \b \b \m \c 3 \s1 يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى \m \v 1 بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟\x + \xo 3:1 \xt 2كور. 5‏:12؛ 10‏:8. \x* \v 2 سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان»\+bd* ــ دېمەك، كورىنتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ نىجاتنى يېڭى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا مۇتلەق ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى پاۋلۇسنىڭ ئەجرىنىڭ ھەر ئادەمگە كۆرۈنەرلىك بولغان مېۋىسى، ئۇنىڭ ھەقىقىي روسۇل ئىكەنلىكىگە ئىسپات ئىدى.\f* \v 3 سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر).\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار»\+bd* ــ «پەرۋىش قىلىنغان» ياكى «يەتكۈزۈلىدىغان، يوللانغان». گرېك تىلىدا «كۆيۈنۈپ بېقىلغان» ياكى «خىزمىتى قىلىنغان». \+bd «بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن «تاش تاختالار»غا پۈتۈكلۈك ئىدى. مۇشۇ يەردىكى «ئەتلىك» سەلبىي مەنىدە ئەمەس، بەلكىم «يۇمشاق، قاتتىق بولمىغان»، «تاش»نىڭ ئەكسىنى بىلدۈرىدۇ.\f*  \x + \xo 3:3 \xt مىس. 24‏:12؛ 34‏:1؛ يەر. 31‏:33؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26؛ ئىبر. 8‏:10. \x* \v 4 ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛ \v 5 ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر. \m \v 6 ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر» مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇننى، يەنى «كونا ئەھدە»نى كۆرسىتىدۇ؛ «روھ» بولسا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «يېڭى ئەھدە» توغرۇلۇق «يەر.» 31:31-34 ۋە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ. \+bd «چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەرنىڭ تولۇق مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «رىم.» 19:3-23، 7-باب ۋە 1:8-16نى كۆرۈڭ. «روھ» خۇدانىڭ روھى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:6 \xt 2كور. 5‏:18؛ ئىبر. 8‏:6، 8. \x* \v 7 ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)،\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە»\+bd* ــ بۇ ۋەقە «مىس.» 29:34-35دە خاتىرىلەنگەن. \+bd «(گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «گەرچە شۇ نۇر ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتقان بولسىمۇ». پاۋلۇس بۇ ئىككى بىسلىق سۆزلەرنى بەلكىم ئەتەي ئىشلەتكەن، شۇڭا ئىككىلا تەرجىمىسى بەلكىم توغرىدۇر.\f*  \x + \xo 3:7 \xt مىس. 24‏:12؛ 34‏:1،30؛ قان. 10‏:1. \x* \v 8 روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟ \v 9 چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟ \v 10 چۈنكى ئەسلىدە شان-شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان-شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان-شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛ \v 11 چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولىدۇ. \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە،...»\+bd* ــ «ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش» ياكى «ئاجىزلاپ يوقىلىۋاتقان ئىش».\f* \v 12 بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز. \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز»\+bd* ــ ياكى «بىز جاسارەتلىك سۆزلەيمىز».\f* \v 13 بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان \add ئەھدىنىڭ\add* پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدە»\+bd* ــ «كونا ئەھدە»نىڭ «ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى»نى تولۇقراق چۈشىنىش ئۈچۈن «رىم.» 19:3-25:4، 7:7-4:8، «گال.» 2:1-7:4نى ئوقۇڭ) \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۆچۈپ كېتىۋاتقان ئەھدە...». \+bd «ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدىنىڭ پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ...»\+bd* ــ «قاراشنىڭ ئاقىۋىتى» ــ بىز بۇ سۆزنى شۇ مەنىدە چۈشىنىمىزكى، كونا ئەھدە (مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن) ئاستىدا، ئىنساننىڭ گۇناھقا پاتقان ھالىتى پاش قىلىنغاچقا، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە بىۋاسىتە قاراشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم بولاتتى. «مىس.» 34:34نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:13 \xt مىس. 34‏:35؛ رىم. 10‏:4. \x* \v 14 ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ. \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى...»\+bd* ــ «كونا ئەھدە» مۇشۇ يەردە، بولۇپمۇ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننى، يەنى تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش»تىن «قانۇن شەرھى»گىچە بولغان بەش قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:14 \xt يەش. 6‏:10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:11؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8. \x* \v 15 ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا. \v 16 ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. \x + \xo 3:16 \xt مات. 13‏:11؛ رىم. 11‏:23؛ 1كور. 2‏:10. \x* \v 17 ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ. \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئەمما رەب شۇ روھتۇر»\+bd* ــ «روھ» بولسا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى»، يەنى «يېڭى ئەھدە» ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئېلىپ كېلىدىغان روھنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:17 \xt يـۇھ. 4‏:24. \x* \v 18 ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز.\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز»\+bd* ــ «ئوخشاش سۈرىتى» (ياكى «ئوخشاش سۈرەت-ئوبرازى») ــ رەب ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ سۈرىتى.\f*  \x + \xo 3:18 \xt 1كور. 13‏:12؛ 2كور. 5‏:7. \x* \b \b \m \c 4 \s1 پاۋلۇسنىڭ جامائەتلەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان چىداملىق، سەۋر-تاقەتلىكى ــ خىزمەتتە چىداملىق \m \v 1 شۇڭا \add خۇدا\add* بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛ \v 2 ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز.\x + \xo 4:2 \xt 2كور. 2‏:17؛ 2كور. 6‏:4\x* \v 3 ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛\x + \xo 4:3 \xt 2كور. 2‏:15؛ 2تېـس. 2‏:10. \x* \v 4 چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى»\+bd* ــ «بۇ زاماننىڭ ئىلاھى» شەيتان، ئىبلىس.\f*  \x + \xo 4:4 \xt يەش. 6‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ 14‏:9. فىل. 2‏:6. كول. 1‏:15. ئىبر. 1‏:3. \x* \v 5 چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز»\+bd* ــ «خىزمەتكارلار» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «قۇللار» دېيىلىدۇ. دېمەك، ئۆزىنى (ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن) باشقا بىرسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ساتقان كىشىلەر.\f* \v 6 چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ \add بىز ئارقىلىق\add* چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر.\x + \xo 4:6 \xt يار. 1‏:3؛ 2پېت. 1‏:19. \x* \b \m \s1 مەڭگۈلۈك شان-شەرەپنىڭ زور ۋەزنى \m \v 7 ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «...بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز»\+bd* ــ «ساپال ئىدىشلار» بولسا ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆز ئاجىز ۋۇجۇد-تەنلىرى، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:7 \xt 1كور. 2‏:5؛ 2كور. 5‏:1. \x* \v 8 مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ \v 9 زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ \v 10 ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. \f □ \fr 4:10 \ft \+bd «ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز»\+bd* ــ «ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك بەلكىم روسۇللار دائىم ئازاپ-ئوقۇبەتنى تارتقانلىقى، دائىم ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ باياننى يەنە ھەممە ئېتىقادچى ئۈچۈن مۇھىم روھىي پرىنسىپ دېگىلى بولىدۇ. 11-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:10 \xt رىم. 8‏:17؛ گال. 6‏:17؛ فىل. 3‏:10؛ 2تىم. 2‏:11،12؛ 1پېت. 4‏:13. \x* \v 11 چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز»\+bd* ــ «ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز» ــ خۇدا تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:11 \xt زەب. 44‏:22؛ مات. 5‏:11؛ رىم. 8‏:36؛ 1كور. 4‏:9؛ 15‏:49؛ كول. 3‏:4. \x* \v 12 شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. \f □ \fr 4:12 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ مۇھىم پرىنسىپ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 13 ۋە «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» دەپ يېزىلغاندىكىدەك ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز؛ \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم»\+bd* ــ «زەب.» 10:116. \+bd «ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز»\+bd* ــ «سۆز قىلىمىز» ــ دېمەك، خۇش خەۋەرنى جاكارلايمىز.\f*  \x + \xo 4:13 \xt زەب. 116‏:10\x* \v 14 چۈنكى رەب ئەيسانى تىرىلدۈرگەن \add خۇدا\add* بىزنى ئەيسا بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ، دەپ بىلىمىز. \x + \xo 4:14 \xt رىم. 8‏:11؛ 1كور. 6‏:14. \x* \v 15 چۈنكى \add بۇ\add* ھەممە ئىشلار سىلەر ئۈچۈندۇركى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېشىپ تاشقۇچە بېغىشلانغان مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خۇدانى ئۇلۇغلاپ ئېيتقان تەشەككۈرلىرى ئېشىپ تاشىدۇ. \x + \xo 4:15 \xt 2كور. 1‏:11. \x* \v 16 شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا»\+bd* ــ «تاشقى ئىنسانلىقىمىز» ئادەمنىڭ جان-تېنىنى، «ئىچكى ئىنسانلىقىمىز» ئادەمنىڭ قەلب-روھىنى، ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ. گرېك تىلىدا «تاشقى ئىنسانىمىز» ۋە «ئىچكى ئىنسانىمىز» دېيىلىدۇ.\f* \v 17 چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. \x + \xo 4:17 \xt زەب. 30‏:5؛ مات. 5‏:12؛ رىم. 8‏:18؛ 1يۇھ. 3‏:2. \x* \v 18 شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر. \b \b \m \c 5 \s1 كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىمان-ئىشەنچ بىلەن ياشاش \m \v 1 چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز.\x + \xo 5:1 \xt 2كور. 4‏:7. \x* \v 2 ئەمدى بۇ \add كونا ئۆيىمىزدە\add* تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز\x + \xo 5:2 \xt رىم. 8‏:23. \x* \v 3 (بەرھەق، \add ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى\add* كىيىۋالساق يالىڭاچ قالمايمىز).\x + \xo 5:3 \xt ۋەھ. 3‏:18؛ 16‏:15. \x* \v 4 چۈنكى مۇشۇ چېدىردا تۇرغىنىمىزدا، ئېغىرچىلىقتا ئاھ ئۇرماقتىمىز؛ بۇ بىزنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىغىنىمىز ئەمەس، بەلكى كىيىندۈرۈلۈشنى، يەنى بىزدە ئۆلىدىغان نېمە بولسا، ئۇنىڭ ھايات تەرىپىدىن يۇتۇلۇشىنى خالايمىز.\x + \xo 5:4 \xt رىم. 8‏:11؛ 1كور. 15‏:53. \x* \v 5 ئەمدى بىزنى دەل مۇشۇ ئىشقا تەييارلىغۇچى بولسا خۇدادۇر؛ ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى»\+bd* ــ «ئۆز روھى» گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كاپالەت» توغرۇلۇق 22:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:5 \xt رىم. 8‏:16؛ 2كور. 1‏:22؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30. \x* \v 6 شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز \v 7 (چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛\x + \xo 5:7 \xt 1كور. 13‏:12؛ 2كور. 3‏:18. \x* \v 8 بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز. \v 9 شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز. \v 10 چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ. \x + \xo 5:10 \xt زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ 25‏:32؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:10،12؛ 1كور. 3‏:8؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. \x* \v 11 شۇنىڭ بىلەن رەبنىڭ دەھشىتىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز؛ لېكىن بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن.\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن»\+bd* ــ «خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق». دېمەك، پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللار دۇنيادىكىكىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى، ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ مۇقەددەس روھىمۇ دۇنيادىكىكىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس، شۇڭا ئۇلارغا مەسىھنىڭ ھەر ئادەمنى سوراققا تارتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. لېكىن خۇدا بىزنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە (سىلەر خۇدانىڭ ئادەملىرى بولغاندىن كېيىن) سىلەرمۇ بىزنى ئوبدان چۈشەنسەڭلار كېرەك، دەيدۇ.\f* \b \m \s1 ئىناقلىققا كەلتۈرۈش خىزمىتى \m \v 12 بىز ھازىر ئۆزىمىزنى قايتىدىن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغىنىمىز يوق، بەلكى پەقەت سىلەردە قەلبدىكى ئىشلاردىن ئەمەس، تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. \f □ \fr 5:12 \ft \+bd «...تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز»\+bd* ــ «تاشقى قىياپىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلار بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ...» ــ پاۋلۇس ھازىر كورىنتتىكى جامائەتتە كۆرۈنگەن «ساختا روسۇللار»نى تىلغا ئېلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بۇ كىشىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كورىنتتىكى قېرىنداشلارغا ئۆزىنىڭ ۋە ھەمكارلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئازراق ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكچى.\f*  \x + \xo 5:12 \xt 2كور. 3‏:1؛ 10‏:8. \x* \v 13 چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز. \f □ \fr 5:13 \ft \+bd «چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز»\+bd* ــ مۇنۇ ئايەتتە پاۋلۇس، شۈبھىسىزكى، (يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك) ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ۋە قېرىنداشلارنىڭ «قەلبدىكى ئىشلار»، يەنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ كېيىنرەك «كۆرۈنۈش»تىكى ئىشلارنىڭ، يەنى «تاشقى قىياپەت»نىڭ ئىشلىرىغا ئۆتىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولۇش» خۇدانىڭ زور ئۇلۇغلۇقى، ئېشىپ تاشقان شاپائىتىگە قاراپ ئىنساننىڭ خۇشاللىقتىن بولغان نورمال ئىنكاسى بولۇش كېرەكغۇ، دەيمىز. ئەمما باشقا كىشىلەر بەرىبىر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشى كېرەك، شۇنىڭدەك ئۆز خۇشاللىقىمىزغا ھاي بېرىپ، ئۇلار ئۈچۈن «سالماق» بولۇشىمىزمۇ كېرەك.\f* \v 14 چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى \add شۇنداق قىلىشقا\add* ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى»\+bd* ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 15 ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر.\x + \xo 5:15 \xt رىم. 14‏:7؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 5‏:10؛ 1پېت. 4‏:2. \x* \m \v 16 شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز. \f □ \fr 5:16 \ft \+bd «ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق...»\+bd* ــ «ئىنسانلارچە» گرېك تىلىدا «ئەتلەر بويىچە». \+bd «شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب ئايەت توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:16 \xt مات. 12‏:50؛ يـۇھ. 15‏:14؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11. \x* \v 17 شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى! \x + \xo 5:17 \xt يەش. 43‏:18؛ ۋەھ. 21‏:5. \x* \v 18 ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر؛ ئۇ بىزنى مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاپشۇردى: ــ \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر»\+bd* ــ ياكى «ۋە بۇ بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر».\f*  \x + \xo 5:18 \xt كول. 1‏:20؛ 1يۇھ. 2‏:2؛ 4‏:10. \x* \v 19 دېمەك، خۇدا مەسىھدە ئادەملەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەيىبى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالەمنى ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى؛ شۇنىڭدەك بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى. \x + \xo 5:19 \xt رىم. 3‏:24،25؛ كول. 1‏:20. \x* \v 20 شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق \add ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى\add* ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز. \x + \xo 5:20 \xt 2كور. 3‏:6. \x* \v 21 گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 5:21 \ft \+bd «گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشى»\+bd* ــ مەسىھ. \+bd «مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھدە، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:21 \xt يەش. 53‏:9،12؛ رىم. 8‏:3؛ گال. 3‏:13؛ 1پېت. 2‏:22؛ 1يۇھ. 3‏:5. \x* \b \b \m \c 6 \s1 خۇدانىڭ جاپا-مۇشەققەت تارتقۇچى ئەلچىلىرى بولۇش \m \v 1 ئەمدى \add خۇدانىڭ\add* ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز\x + \xo 6:1 \xt 1كور. 3‏:9؛ ئىبر. 12‏:15. \x* \v 2 (چۈنكى ئۇ: «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» ــ دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات-قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!).\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن»\+bd* ــ «يەش.» 8:49.\f*  \x + \xo 6:2 \xt يەش. 49‏:8. \x* \v 3 \add رەبنىڭ\add* خىزمىتىگە داغ كەلتۈرۈلمىسۇن دەپ ھېچقانداق ئىشتا ھېچكىمنىڭ ئىمانىغا توسالغۇلۇق قىلمايمىز؛\x + \xo 6:3 \xt رىم. 14‏:13؛ 1كور. 10‏:32. \x* \v 4 بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا،\x + \xo 6:4 \xt 1كور. 4‏:1؛ 2كور. 11‏:23. \x* \v 5 قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا،\f □ \fr 6:5 \ft \+bd «تۈنەشلەردە»\+bd* ــ دېمەك «تۈنەپ دۇئا قىلىشلاردا». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇيقۇسىزلىقلاردا».\f* \v 6 پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، \v 7 ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن،\f □ \fr 6:7 \ft \+bd «...ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن...»\+bd* ــ بەلكىم زەرب قىلىدىغان ھەم قوغدايدىغان روھىي قوراللارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 8 ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە \add ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق\add*؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ، \v 9 نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛\f □ \fr 6:9 \ft \+bd «نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز»\+bd* ــ دۇنيادىكى «مەشھور»لاردىن بولمىسىمۇ، لېكىن خۇدا، پەرىشتىلەر ۋە جامائەتلەر تەرىپىدىن مەشھوردۇر، دېگەن مەنىدە دەپ قارايمىز. \+bd «تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق»\+bd* ــ «تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ...» دېگەنلىك باشقا بىر تەرجىمىسى «دەررە-قامچا يېدۇق-يۇ ...». \fp بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:9 \xt زەب. 118‏:18؛ يەش. 26‏:19. \x* \v 10 دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.\f □ \fr 6:10 \ft \+bd «نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز»\+bd* ــ «نامرات بولغىنىمىز بىلەن،... ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن،...» ــ پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللار بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشىدىن قارىغاندا شۇنداق كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىنى ئۇنداق ھېسابلىمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرىنى ھەقىقىي بايلار (مەڭگۈلۈك بايلىقلارغا ئىگە) دەپ سانايتتى.\f* \m \v 11 سىلەرگە ئوچۇق-يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار، بىزنىڭ باغرىمىز سىلەرگە كەڭ ئېچىلدى! \f □ \fr 6:11 \ft \+bd «سىلەرگە ئوچۇق-يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار،...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاغزىمىز سىلەرگە ئوچۇق، ئى كورىنتلىقلار،...».\f* \v 12 سىلەر بىز تەرەپتىن قىسىلغان ئەمەس، لېكىن ئۆز ئىچ-باغرىڭلارنىڭ تارلىقىدىن قىسىلىسىلەر؛ \v 13 ئەمدى ئادىل ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ ــ (ئۆز پەرزەنتلىرىمگە سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن) ــ باغرىڭلارنى بىزگىمۇ كەڭ ئېچىڭلار.\x + \xo 6:13 \xt 1كور. 4‏:14. \x* \b \m \s1 قاراڭغۇلۇققا ھەمراھ بولماڭلار \m \v 14 ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟ \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار»\+bd* ــ «قان.» 10:22دە «ئېشەك ۋە كالىنى بىر بويۇنتۇرۇققا تەڭ قوشماڭلار» دېيىلىدۇ. تەڭسىزلىك بولغاچقا، ئىشەنگەن ئادەم ۋە ئىشەنمىگەن ئادەم تەڭ يۈك تارتمايدۇ، ھەتتا بىر-بىرىدىن باشقا يۆنۈلۈشكە تارتىدۇ. بۇ سۆزلەر پەقەت نىكاھقىلا باغلىق ئەمەس، تۈرلۈك ئەھۋاللاردا ئېتىقادسىز ئادەم بىلەن «ھەمبويۇنتۇرۇق» بولۇش چوڭ چاتاقلارنى چىقىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. \+bd «...ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟»\+bd* ــ «قەبىھلىك» گرېك تىلىدا «قانۇنسىزلىق»، ئەمما بۇ «قانۇن» ھۆكۈمەتنىڭكى ئەمەس، خۇدانىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 6:14 \xt قان. 7‏:2؛ 1سام. 5‏:1، 2؛ 1پاد. 8‏:21؛ 1كور. 5‏:9؛ 10‏:21؛ ئ‍ەف. 5‏:11\x* \v 15 مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟ \f □ \fr 6:15 \ft \+bd «مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟»\+bd* ــ «بېلىئال» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «ئەرزىمەس، ئوسال» بولۇپ، شەيتاننىڭ يەنە بىر ئىسمى بولىدۇ.\f* \v 16 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر ــ خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك \add سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر\add*»؛ \f □ \fr 6:16 \ft \+bd «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ»\+bd* ــ «لاۋ.» 12:26 ۋە «يەر.» 32:28، «ئەز.» 27:32نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:16 \xt مىس. 29‏:45؛ لاۋ. 26‏:11-12؛ يەر. 32‏:38؛ ئ‍ەز. 37‏:27؛ 1كور. 3‏:16؛ 6‏:19؛ 10‏:7، 14؛ ئ‍ەف. 2‏:21؛ ئىبر. 3‏:6؛ 1پېت. 2‏:5\x* \v 17 شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، ــ دەيدۇ رەب، ــ «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»، \f □ \fr 6:17 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار... ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»\+bd* ــ «يەش.» 11:52نى كۆرۈڭ. ئەسلىدە بۇ سۆزلەر ئىسرائىلغا بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى كەيپ-ساپا ۋە بۇتپەرەسلىكنى تاشلاپ چىقىشى ئۈچۈن ئېيتىلغان. \+bd «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»\+bd* ــ «ئەز.» 41:20نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:17 \xt يەش. 52‏:11؛ ئ‍ەز. 20‏:34،41؛ ۋەھ. 18‏:4. \x* \v 18 ۋە: «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر» ــ دەيدۇ ھەممىگە قادىر بولغان رەب.\f □ \fr 6:18 \ft \+bd «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر»\+bd* ــ تەۋرات، «2سام.» 14:7، «يەش.» 6:43، «يەر.» 9:31نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:18 \xt 2سام. 7‏:8،14\x* \b \b \m \c 7 \m \v 1 ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە \add ئايان قىلىنغان\add* پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى. \b \m \s1 بىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر! \m \v 2 بىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر! بىز ھېچكىمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدۇق، ھېچكىمنى نابۇت قىلمىدۇق، ھېچكىمدىن پايدىلانمىدۇق.\f □ \fr 7:2 \ft \+bd «...ھېچكىمنى نابۇت قىلمىدۇق»\+bd* ــ بەلكىم ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەم ئېتىقاد جەھەتىدىن ئېيتىلىدۇ.\f* \v 3 مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز.\x + \xo 7:3 \xt 2كور. 6‏:11،12،13. \x* \v 4 سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى.\x + \xo 7:4 \xt مات. 5‏:12؛ روس. 5‏:41؛ فىل. 2‏:17؛ كول. 1‏:24. \x* \m \v 5 چۈنكى بەرھەق، ماكېدونىيەگە كىرگىنىمىزدىمۇ ئەتلىرىمىز ھېچ ئارام تاپالماي، ھەرتەرەپتىن قىسىلىپ قالدۇق؛ سىرتىمىزدا جېدەل-كۈرەشلەر، ئىچىمىزدە قورقۇنچلار بار ئىدى.\x + \xo 7:5 \xt روس. 16‏:19،23. \x* \v 6 ئەمما چۈشكۈنلەرگە رىغبەت-تەسەللى بەرگۈچى خۇدا بىزگە تىتۇسنىڭ كېلىشى ئارقىلىق رىغبەت-تەسەللى بەردى؛\x + \xo 7:6 \xt 2كور. 1‏:4. \x* \v 7 تاپقان رىغبەت-تەسەللىمىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن تاپقان رىغبەت-تەسەللىسى ئارقىلىقمۇ بولدى؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ \add بىزگە\add* زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلارنى، سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلارنى، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقۇڭلارنى ئېيتىپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ خۇشاللاندىم.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ بىزگە زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلارنى... ئېيتىپ بەردى»\+bd* ــ «سىلەرنىڭ بىزگە زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلار» دېگەن سۆزلەردە «بىزگە» دېگەننى كىرگۈزدۇق. ئۇلارنىڭ «زارىقىپ تەلمۈرگىنى» خۇداغا بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. \+bd «سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلارنى، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقۇڭلارنى...»\+bd* ــ كورىنتلىقلارنىڭ ھەسرەتلىرى قاتارلىقلار روسۇل پاۋلۇسنىڭ ئىلگىرىكى بىر خېتىدىكى ئەيىبنى (4:2) قوبۇل قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىدى.\f* \v 8 چۈنكى گەرچە مەن سىلەرنى خېتىم بىلەن ئازابلىغان بولساممۇ، مەن ھازىر ئۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن؛ لېكىن ئەسلىدە مەن شۇ خېتىمنىڭ سىلەرنى ئازابلىغىنىنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلغانىدىم (ئەمەلىيەتتە، سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار قىسقىغىنە بىر مەزگىللا بولغان). \v 9 ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ــ ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار. \v 10 چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. \x + \xo 7:10 \xt 2سام. 12‏:13؛ مات. 26‏:75؛ لۇقا 18‏:13. \x* \v 11 چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار.\f □ \fr 7:11 \ft \+bd «خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار... سىلەرگە...شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، ... ئېلىپ كەلدى!»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «غەزەپ» بولسا بەلكىم گۇناھ سادىر قىلغان كىشىنىڭ قىلمىشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتا جاۋابكار ئەمەسلىكىگە قارىتىلغانىدى. «شۇنچە كۆپ قورقۇنچ» بولسا خۇدادىن بولغان قورقۇنچ. \+bd «جازالاشقا شۇنچە شۇنچە تەييار بولۇش»\+bd* ــ ئۆز گۇناھىدا چىڭ تۇرۇپ توۋا قىلىشنى رەت قىلغان قېرىنداشلارنى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 12 ئەمدى سىلەرگە \add شۇ\add* خەتنى يازغان بولساممۇ، ئۇ خەتنى زىيان-زەخمەت قىلغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، ياكى زىيان-زەخمەت قىلىنغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدا بىزگە بولغان كۆڭلۈڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ ئاراڭلاردا ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم. \f □ \fr 7:12 \ft \+bd «بەلكى خۇدا ئالدىدا بىزگە بولغان كۆڭلۈڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ ئاراڭلاردا ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم»\+bd* ــ باشقا بىر كۆچۈرمىسى بويىچە «بەلكى بىزنىڭ خۇدا ئالدىدا سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمىزنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم». ئەمما كېيىنكى ئايەتلەرنى (13-16) ۋە 7:8نى كۆرگەندە، بىز ئالغان كۆچۈرمىسى توغرىدۇر.\f* \v 13 بۇ سەۋەبتىن بىز رىغبەت-تەسەللىگە ئېرىشتۇق. ۋە رىغبەت-تەسسەللىمىز ئۈستىگە بىز تىتۇسنىڭ خۇشاللىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ زور شادلاندۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ روھى سىلەر تەرىپىڭلاردىن يېڭىلاندى. \v 14 چۈنكى مەن سىلەر توغراڭلاردا بىرەر ئىشتا پەخىرلىنىپ ماختىغان بولسام، ئۇ ئىشتا ھېچ خىجىل قالدۇرۇلمىدىم؛ بەلكى سىلەرگە ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىتۇسقا سىلەرنى پەخىرلىنىپ ماختىشىمىزمۇ ھەقىقەت بولۇپ ئىسپاتلاندى. \v 15 ئۇ سىلەرنىڭ ئىتائەتمەنلىكىڭلارنى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ئەيمەنگەن ۋە تىترىگەن ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىنىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئىچ-باغرىدىكى مۇھەببەتلىرى تېخىمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. \v 16 مەن سىلەرگە ھەربىر ئىشتا ئىشەنچىم كامىل بولغانلىقىدىن شادلىنىمەن. \b \b \m \c 8 \s1 مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە قىلىش \m \v 1 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەرگە بېغىشلىغان مېھىر-شەپقىتىنى ئايان قىلماقچىمىز؛ \v 2 ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛ \v 3 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ، \v 4 بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛\x + \xo 8:4 \xt روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:26؛ 1كور. 16‏:2؛ 2كور. 9‏:1. \x* \v 5 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛ \v 6 شۇڭا، تىتۇس سىلەردە \add بۇ\add* مېھرىبانلىقنى باشلىغانىكەن، بىز تىتۇستىن سىلەرنى بۇنىڭغا نېسىپداش قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆتۈندۇق. \m \v 7 ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار.\f □ \fr 8:7 \ft \+bd «بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا...»\+bd* ــ باشقا بىر كۆچۈرۈلمىدە: «بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدە...» دېيىلىدۇ. (بۇ كۆچۈرمە توغرا بولسا مەنىسى بەلكىم: «بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدىن ئىلھام-تەسەللى ئالغانلىقىڭلار»نى كۆرسەتسە كېرەك).\f* \v 8 مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن. \v 9 چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر. \v 10 مەن بۇ توغرۇلۇق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن ــ بۇ سىلەرگە پايدىلىق، چۈنكى سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار. \f □ \fr 8:10 \ft \+bd «سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار»\+bd* ــ «1كور.» 2:16نى كۆرۈڭ.\f* \v 11 ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار. \v 12 چۈنكى \add خەير-ساخاۋەتكە\add* بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر. \x + \xo 8:12 \xt پەند. 3‏:28؛ مات. 12‏:43؛ لۇقا 21‏:3؛ 1پېت. 4‏:10. \x* \v 13 چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن دەپ، ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم ئەمەس، \v 14 سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، \add كۈنلەرنىڭ بىرىدە\add* ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ. \v 15 خۇددى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى» دەپ يېزىلغاندەك بولغاي.\f □ \fr 8:15 \ft \+bd «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى»\+bd* ــ «مىس.» 18:16.\f*  \x + \xo 8:15 \xt مىس. 16‏:18. \x* \b \m \s1 تىتۇسنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ۋەزىپىسى \m \v 16 ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛ \v 17 چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سىلەرگە كۈچلۈك كۆيۈمى بولغاچقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىڭلارغا باردى؛ \v 18 ئەمما بىز ئۇنىڭغا بارلىق جامائەتلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەر خىزمىتىدە تەرىپلەنگەن قېرىنداشنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ \v 19 شۇنىڭدەك ئۇ پەقەت شۇ تەرەپتىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتلەر تەرىپىدىن بۇ خەيرلىك ئىشتا بىزگە ھەمسەپەر بولۇشقا تاللىۋېلىنغانىدى. ئەمدى بىز بۇ خەير-ساخاۋەتنى بولسا، رەبنىڭ شان-شەرىپىنى ھەم ياردەمدىكى قىزغىنلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىمىز؛ \v 20 شۇنداق قىلىپ بىز بۇ مول سوۋغىنى مەسئۇل بولۇپ يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن تۆھمەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمىز. \v 21 چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. \f □ \fr 8:21 \ft \+bd «چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز»\+bd* ــ تەۋرات، «پەند.» 4:3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 8:21 \xt رىم. 12‏:17. \x* \v 22 بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىللە كۆپ ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان قېرىنداشنى ئەۋەتمەكچىمىز؛ ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان زور ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. \v 23 تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر. \v 24 شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار. \b \b \m \c 9 \s1 ھەدىيەنى تەييارلاش ــ سېخىي بولۇشقا ئۈندەش \m \v 1 چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.\x + \xo 9:1 \xt روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:26؛ 1كور. 16‏:2؛ 2كور. 8‏:4. \x* \v 2 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى \add قېرىنداشلارغا\add* پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ \add خەير-سەدىقە\add* \add بېرىشىگە\add* تۈرتكە بولدى.\f □ \fr 9:2 \ft «مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ... پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن»\ft ــ كورىنت شەھىرى ئاخايا ئۆلكىسىدە ئىدى.\f* \v 3 لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 9:3 \ft \+bd «قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم...»\+bd* ــ «قېرىنداشلار» يەنى تىتۇس ھەم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قېرىنداش.\f* \v 4 مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر. \v 5 شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن. \v 6 ئەمما بۇنى \add ئەسلەڭلار\add*: بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ.\f □ \fr 9:6 \ft \+bd «ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ»\+bd* ــ ياكى «بەرىكەتلەپ تېرىغىنى بەرىكەتلىنىپ ئالىدۇ».\f*  \x + \xo 9:6 \xt پەند. 11‏:24؛ گال. 6‏:7. \x* \v 7 ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.\x + \xo 9:7 \xt مىس. 25‏:2؛ 35‏:5؛ قان. 15‏:7؛ رىم. 12‏:8. \x* \v 8 ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ.\f □ \fr 9:8 \ft \+bd «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ»\+bd* ــ «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ» گرېك تىلىدا «ئېشىپ تاشقىنلىنىپ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 9 \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add* پۈتۈلگىنىدەك: ــ \m «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، \m ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ \m ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ».\f □ \fr 9:9 \ft \+bd «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 9:112.\f*  \x + \xo 9:9 \xt زەب. 112‏:9\x* \m \v 10 ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. \f □ \fr 9:10 \ft \+bd «ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ،...»\+bd* ــ «تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلار» ھەرخىل كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن خەيرلىك قىلىش پۇرسەتلىرى»، «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش پۇرسەتلىرى» دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ «مېۋىلىرى» بولسا، باشقىلارنى ئېتىقادقا كەلتۈرۈش، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل نەتىجىلەرنى كۆرسىتىدۇ ــ 11-12-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛ \f □ \fr 9:11 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ»\+bd* ــ ئىئانە يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا تاپشۇرۇلغاندا، ئۇلار خۇداغا كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا باشقا جامائەتلەرمۇ ئۇ ئىشنى ئاڭلاپ شۇنداق قىلىدۇ.\f* \v 12 چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ. \f □ \fr 9:12 \ft \+bd «بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش»\+bd* ــ «ئادا قىلىش» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا: «(كاھىنلار) قۇربانلىق قىلغاندەك ئادا قىلىش».\f* \v 13 بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ \add ھاجەتمەن\add* بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. \v 14 ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ. \f □ \fr 9:14 \ft \+bd «ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ»\+bd* ــ «رىم.» 26:15-27دىن كۆرۈنىدۇكى، كورىنتتىكى (ئاقايادىكى) جامائەتلەر پاۋلۇسنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاخىر قوبۇل قىلىپ چوڭ ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى.\f* \v 15 ئۇنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاجايىب سوۋغىسى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر بولغاي! \b \b \m \c 10 \s1 پاۋلۇسنىڭ روسۇللۇق ھوقۇقىنى ئاقلىشى \m \v 1 ئەمما ئۆزۈم، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قوللۇق دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنۈمەن،\f □ \fr 10:1 \ft \+bd «مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن...»\+bd* ــ شۇ دەۋردىكى ھەربىي ئىشلاردا «ياۋاش-مۆمىنلىك ھەم مۇلايىملىق» دېگەنلىك«كەڭچىلىك ھەم رەھىمدىللىق» دېگەن باشقا مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.\f* \v 2 ــ شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار!» دەپ گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزىلەرگە قارىتا ئويلىغىنىمدەك قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مېنى مەجبۇر قىلماڭلار؛\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «بىزنى «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار!» دەپ گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزىلەرگە قارىتا ئويلىغىنىمدەك قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مېنى مەجبۇر قىلماڭلار»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار» دېگەن ئىبارە، «ئىنسانىي (خۇدانىڭكى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنىڭ) كۆز-قاراشلار بويىچە ماڭغانلار»نى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 3 گەرچە بىز ئىنسانىي ئەتلەردە يۈرسەكمۇ، بىز ئەتلەر بويىچە جەڭ قىلمايمىز.\f □ \fr 10:3 \ft \+bd «گەرچە بىز ئىنسانىي ئەتلەردە يۈرسەكمۇ، بىز ئەتلەر بويىچە جەڭ قىلمايمىز»\+bd* ــ ئايەتتىكى «جەڭ» ئەڭ مۇھىم جەڭ، يەنى روھىي جەڭنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئەتلەر بويىچە» يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەنىسى: «بۇ دۇنيادا ياشىساقمۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلاردەك (روھىي) جەڭ قىلمايمىز».\f* \v 4 چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛\f □ \fr 10:4 \ft \+bd «چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر»\+bd* ــ «ئەتكە تەۋە قوراللار» بولسا بۇ دۇنياغا خاس قوراللار، يەنى قىلىچ، ئوقيا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 10:4 \xt يەر. 1‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:13-18. \x* \v 5 بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «بەس-مۇنازىرىلەر»\+bd* ــ ياكى «بىدئەت سەپسەتىلىرى».\f* \v 6 سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، \add ئاراڭلاردا\add* قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز.\f □ \fr 10:6 \ft \+bd «سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن»\+bd* ــ 5-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، مەسىھكە ئىتائەت قىلىش، ئەلۋەتتە. \+bd «ئاراڭلاردا قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز»\+bd* ــ «جازالاشقا تەييار» توغرۇلۇق 2:13-3 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 سىلەر پەقەت كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرسى ئۆزىنى مەسىھكە تەۋەمەن دەپ قارىسا، ئۇ يەنە شۇنىڭ ئۈستىگە ئويلانسۇنكى، ئۇ مەسىھكە تەۋە بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز.\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «سىلەر پەقەت كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغىلا قارايدىكەنسىلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا ئوبدان قاراپ بېقىڭلار!».\f* \v 8 چۈنكى، رەب تەرىپىدىن سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈن بىزگە ئامانەت قىلىنغان ھوقۇقىمىز توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ زىيادىرەك ماختانساممۇ، بۇنىڭدا ھېچ يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ \v 9 ئەمدى مەن پەقەت خەتلەردىلا سىلەرنى قورقاتماقچى ئەمەسمەن؛ \v 10 چۈنكى بەزىلەر: «ئۇنىڭ خەتلىرى دەرۋەقە ۋەزىنلىك ھەم كۈچلۈك؛ لېكىن ئۇ يېتىپ كەلگەندە سالاپەتسىز، گېپىنىڭ تۇتامى يوق بولىدۇ» دېيىشىدۇ. \v 11 ئەمدى بۇنداق خىيال قىلغۇچىلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز يىراقتا بولغىنىمىزدا خەتلەردىكى سۆزىمىز قانداق بولغان بولسا بىز يېتىپ بارغىنىمىزدا ئەمەلىيىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ. \m \v 12 چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار بىلەن بىر قاتارغا قويۇشقا ياكى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پېتىنمايمىز؛ شۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلاردىندۇر. \x + \xo 10:12 \xt 2كور. 3‏:1؛ 5‏:12. \x* \v 13 بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. بىز بەلكى ھەممىنى ئۆلچىگۈچى خۇدا بىزگە بېكىتكەن خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەم، يەنى سىلەرنىڭ \add خىزمىتىڭلارغىمۇ\add* يېتىدىغان ئۆلچەم بىلەن پەخىرلىنىمىز. \f □ \fr 10:13 \ft \+bd «بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق»\+bd* ــ «ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەم» ــ دېمەك، خۇدا پاۋلۇس ۋە بارناباسقا خۇش خەۋەر جاكارلاشتىكى ھەمدە جامائەتلەرنى قۇرۇشتىكى خىزمەتنىڭ دائىرىسىنى بېكىتكەن ئۆلچەم. \+bd «سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغىمۇ يېتىدىغان ئۆلچەم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «سىلەرگە يەتكەن ئۆلچەم».\f*  \x + \xo 10:13 \xt ئ‍ەف. 4‏:7. \x* \v 14 چۈنكى ئۆلچىمى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا يەتمەيدىغان كىشىلەردەك، \add خىزمىتىڭلاردا بولغىنىمىزدا\add* دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە \add بىرىنچى بولۇپ\add* يېنىڭلارغىمۇ كەلدۇق. \v 15 بىز خىزمەت دائىرىمىزدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپا-ئەجىرلىرى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق؛ لېكىن بىز سىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۆسكەنسېرى ئاراڭلاردىكى خىزمىتىمىز بىزگە بېكىتىلگەن دائىرىمىز ئىچىدە تېخىمۇ زىيادە كېڭەيتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىمىز؛ \v 16 شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىن تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ جاكارلايدىغان بولىمىز؛ تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ دائىرىسىدىكى خىزمەت ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە يات. \f □ \fr 10:16 \ft \+bd «تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ دائىرىسىدىكى خىزمەت ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە يات»\+bd* ــ كورىنتتىكى جامائەت ئارىسىدىكى «ساختا روسۇللار» دەل شۇنداق ئىش قىلىۋاتاتتى، ئۇلار پاۋلۇس ئەجىر سىڭدۈرگەن كورىنتلىقلاردىن «بىزنىڭ ئەجرىمىز» دەپ ماقتانماقتا ئىدى.\f* \v 17 ئەمما «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!». \f □ \fr 10:17 \ft \+bd «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!»\+bd* ــ «يەر.» 24:9.\f*  \x + \xo 10:17 \xt يەش. 65‏:16؛ يەر. 9‏:22-23؛ 1كور. 1‏:31. \x* \v 18 چۈنكى ئۆزىنى تەرىپلىگۈچى ئەمەس، بەلكى رەب تەرىپلىگەن كىشى ھەقىقەتەن لاياقەتلىكتۇر.\x + \xo 10:18 \xt پەند. 27‏:2. \x* \b \b \m \c 11 \s1 ئۆزىنى «روسۇل» دەپ ئاتىۋالغانلاردىن ھېزى بولۇڭلار! \m \v 1 \add ماختانغان\add* بۇ ئازغىنە ئەخمەقلىكىمغا سەۋرچان بولغايسىلەر! ئەمدى سىلەر ماڭا سەۋرىچانلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر. \v 2 چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى \add ئازدۇرۇشلاردىن\add* ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن.\x + \xo 11:2 \xt لاۋ. 21‏:13. \x* \v 3 ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.\x + \xo 11:3 \xt يار. 3‏:4؛ يـۇھ. 8‏:44. \x* \v 4 چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن!\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن!»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن تەنىلىك، كىنايىلىك كىناي گەپ، ئەلۋەتتە. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خېلى ئەنسىۋىۋاتىدۇ. \fp «سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن!» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «سىلەر شۇنىڭغا سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرەمسىلەركىن دەيمەن!».\f*  \x + \xo 11:4 \xt گال. 1‏:8. \x* \m \v 5 ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن!\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن!»\+bd* ــ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار» شۈبھىسىزكى، ئىنتايىن كىنايىلى، ھەجۋىي گەپ. بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ئۇلۇغ روسۇللار (پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. پىكرىمىزچە پاۋلۇس كورىنتتىكى جامائەتكە ئۆزلىرىنى «روسۇل» دەپ تونۇشتۇرغان بەزىبىر ئالدامچىلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ (يەنى پاۋلۇسنىڭ) روسۇللۇق ھوقۇقىنى يوققا چىقارماقچى. 12-33-ئايەتلەر ۋە 11:12-ئايەت بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.\f* \v 6 گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ، بىلىم جەھەتتە مەن ئۇنداق ئەمەس؛ بىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئەمەللىرىمىزدە بۇنى سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ روشەن قىلدۇق.\f □ \fr 11:6 \ft \+bd «گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ،..»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە ئادەتتە «نۇتۇق سۆزلەشكە تەربىيىلەنمىگەن» كىشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟»\+bd* ــ پاۋلۇس ئېتىقادچىلارغا ئۆز ئېغىرىنى سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). بىراق بەزىلەر (بولۇپمۇ «ساختا روسۇللار») «پاۋلۇس ھەقىقىي روسۇل بولغان بولسا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايانغان بولاتتى» دەپ، ئۇنى روسۇل ئەمەس دەپ ئىنكار قىلغانىدى.\f*  \x + \xo 11:7 \xt 1كور. 9‏:12. \x* \v 8 مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم»\+bd* ــ «...باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ» ــ بۇ يەنە تەنىلىك، كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە باشقا جامائەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ياردىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ)، كورىنتلىقلارنى گۇمان سۆزلىرىدىن خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ.\f*  \x + \xo 11:8 \xt روس. 20‏:33؛ 2كور. 12‏:13؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. \x* \v 9 سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ھاجەتمەن بولغان بولساممۇ، مەن ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالغان ئەمەس (چۈنكى ماكېدونىيەدىن كەلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ كەم-كۈتەمنى تولۇقلاپ بەردى)؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈمنى سىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. \x + \xo 11:9 \xt فىل. 4‏:15. \x* \v 10 مەسىھنىڭ ھەقىقىتى مەندە راست بولغاندەك، ئاقايا يۇرتلىرىدا ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسۇمايدۇ! \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسۇمايدۇ!»\+bd* ــ «مۇشۇ ماختىنىش(ىم)» بولسا، پاۋلۇس كورىنتلىقلاردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلماي ئۇلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنىدى.\f* \v 11 نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟! خۇدا بىلىدۇ! \v 12 لېكىن \add بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش\add* پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن. \f □ \fr 11:12 \ft \+bd «مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن»\+bd* ــ دېمەك، پاۋلۇسنىڭ ھەق ئالماي خۇش خەۋەرنى خالىس يەتكۈزىۋاتقانلىقى. ئۇ شۇنداق قىلىۋەرسە، «ساختا روسۇللار» ئۆزلىرىنى پاۋلۇس ۋە ھەمكارلىرى بىلەن سېلىشتۇرالماي قالىدۇ. \fp ئەمەلىيەتتە پاۋلۇسنىڭ: «ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن» دېگىنىدە ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ توۋا قىلىپ، ھەقىقەتەن خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشىغا ھەقىقىي تىلەكداش بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.\f* \v 13 چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر. \v 14 بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. \v 15 شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزىۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ. \b \m \s1 ھەقىقىي روسۇللارنىڭ تارتقان جاپالىرى ــ «ساختا روسۇللار» ئۇنداق ئەمەس! \m \v 16 يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچكىم مېنى ئەخمەق دەپ ھېسابلىمىسۇن؛ ھەتتا ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ قارىساڭلارمۇ، ئەمدى مەندەك ئەخمەقنى سەۋر قىلىپ قوبۇل قىلغايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي. \f □ \fr 11:16 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي»\+bd* ــ ساختا روسۇللارنىڭ ماختىنىشلىرى خېلى كۆپ ئىدى. 18-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 17 مېنىڭ ھازىر بۇلارنى سۆزلىشىم رەب تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرەكلىك پو ئېتىپ ماختىنىشىم، خالاس. \v 18 نۇرغۇن ئادەملەر ئىنسانلارچە پو ئېتىپ ماختانغاندىكىن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. \x + \xo 11:18 \xt 2كور. 10‏:13؛ 12‏:5، 6. \x* \v 19 چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر! \f □ \fr 11:19 \ft \+bd «چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر!»\+bd* ــ بۇ جۈملە بەلكىم پاۋلۇسنىڭ بۇ خېتىدە ئەڭ كىنايىلىك گېپى، ئەڭ كۈچلۈك تاپا-تەنىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار باشقىلارنىڭ «ئەخمەقلىق»ىغا شۇنچە سەۋر-تاقەتلىك بولغان يەردە، (20-ئايەت) پاۋلۇسنىڭ «پەخىرلىنىشىلىرى»گە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەكقۇ!\f* \v 20 مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر. \f □ \fr 11:20 \ft \+bd «مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر»\+bd* ــ پاۋلۇس مۇشۇ ساختا روسۇللارنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زەھەرنى سۆكمەكچى.\f* \v 21 ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق! ئەمما ئۇلار بىرەر ئىشتا ماختىنىشقا پېتىنغان يەردە (ئەخمەقلەرچە سۆزلەۋاتىمەن!) مەنمۇ شۇ ئىشتا \add ماختىنىشقا\add* پېتىنىمەن. \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق!»\+bd* ــ بۇ يەنە تاپا-تەنە، كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. پاۋلۇس ھەرگىز ئادەملەردىن نەپ ئېلىپ بوزەك قىلماقچى بولغان ئەمەس. «ئاجىزلىق» دېگەنلىك يەنە بەلكىم ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدىكى تېنى ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ. (7:12-10نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 11:21 \xt فىل. 3‏:4. \x* \m \v 22 ئۇلار ئىبرانىيلارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ نەسلىمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. \x + \xo 11:22 \xt روس. 22‏:3. \x* \v 23 ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ \f □ \fr 11:23 \ft \+bd «ۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)»\+bd* ــ ئۇلار (ساختا روسۇللار) مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇلار دائىم ئۆزلىرىنى شۇنداق كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 11:23 \xt روس. 9‏:16؛ 21‏:11؛ 1كور. 15‏:10؛ 2كور. 6‏:4. \x* \v 24 يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، \f □ \fr 11:24 \ft \+bd «يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم،...»\+bd* ــ دېمەك، ئوتتۇز توققۇز قامچا جازالىنىشى. تەۋرات، «قان.» 3:25نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:24 \xt قان. 25‏:3. \x* \v 25 ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. \f □ \fr 11:25 \ft \+bd «ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم»\+bd* ــ «تىكەنلىك قامچا جازاسى» رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بولسا كېرەك ئىدى. «روس.» 22:16دە بىر قېتىم خاتىرىلەنگەن. «مات.» 26:27دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:25 \xt روس. 14‏:19؛ 16‏:22؛ 27‏:9،41. \x* \v 26 دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛ \v 27 ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. \f □ \fr 11:27 \ft \+bd «پات-پات تۈنەكلەردە»\+bd* ــ دېمەك «پات-پات تۈنەپ دۇئا قىلىشلاردا». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇيقۇسىزلىقلاردا».\f* \v 28 بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن. \f □ \fr 11:28 \ft \+bd «بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئىشلاردىن تاشقىرى،...».\f*  \x + \xo 11:28 \xt روس. 20‏:18. \x* \v 29 ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟»\+bd* ــ «كىم ئاجىزلىسا» ــ ئېتىقاد تەرىپىدە ئاجىزلاش، دېمەك. «مەنمۇ ئاجىزلىدىم» ــ پاۋلۇس ئاجىزلىغان كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن بىردەك قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭغا مىسالنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن بولغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىدىن كۆرۈڭ («مىس.» 30:32-32).\f*  \x + \xo 11:29 \xt 1كور. 8‏:13. \x* \v 30 ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. \m \v 31 رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم.\x + \xo 11:31 \xt رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5. \x* \m \v 32 دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دەمەشق شەھىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانىدى. \x + \xo 11:32 \xt روس. 9‏:24. \x* \v 33 لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاچتىم.\f □ \fr 11:33 \ft \+bd «لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاچتىم»\+bd* ــ ھەقىقىي روسۇللار ئۆمرىدە ئانچە راھەت كۆرمەيدۇ؛ پاۋلۇس بۇنىڭدىن يەنە بىر مىسال كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 12 \s1 پاۋلۇسقا كەلگەن ۋەھىيلەر \m \v 1 \add ئەپسۇس\add*، ماختىنىۋېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، مەن رەبدىن كەلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. \v 2 مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.\f □ \fr 12:2 \ft \+bd «مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن»\+bd* ــ بۇ ئادەم دەل پاۋلۇسنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماختىنىشنى قىلچە خالىمىغان بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا تىرىشىپ، ئۆزى توغرۇلۇق «مەن» دېمەي، «ئۈچىنچى شەخستە» سۆزلەيدۇ. \+bd «ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ... ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى»\+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە، پەقەت ئۈچ ئاسمان بار. بىرىنچى «ھاۋا»، ئىككىنچى «ئالەم بوشلۇقى»، ئۈچىنچىسى خۇدانىڭ ھۇزۇرىنىڭ ئۆزىدۇر.\f*  \x + \xo 12:2 \xt روس. 9‏:3؛ 22‏:17؛ 1كور. 15‏:8. \x* \v 3 مەن شۇنداق بىر كىشىنى بىلىمەن (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ــ \v 4 ئۇ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ دېيىشى مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. \v 5 شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن. \f □ \fr 12:5 \ft \+bd «ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن»\+bd* ــ «ئاجىزلىقمدىن» گرېك تىلىدا «ئاجىزلىقلىرىمدىن».\f* \v 6‏-7 ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 12:6‏-7 \ft \+bd «مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن ... ماڭا تەقسىم قىلىنغان»\+bd* ــ «تىكەن»نىڭ كۆچمە مەنىسى بار، ئەلۋەتتە. \+bd «... مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «شەيتاننىڭ بىر پەرىشتىسى». «ئەلچى» ۋە «پەرىشتە» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە بىر گەپ.\f* \v 8 بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ \v 9 لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ \v 10 شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.\f □ \fr 12:10 \ft \+bd «چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن»\+bd* ــ پاۋلۇس ئاجىز بولغىنىدا مەسىھكە تېخىمۇ تايىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك بولىدۇ؛ ھەممىمىزمۇ شۇنداق بولۇشىمىز كېرەك.\f* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ كورىنتتىكى جامائەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى \m \v 11 مەن \add ماختىنىپ\add* دەرۋەقە ئەخمەق بولۇپ قالدىم! لېكىن ئۆزۈڭلار مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدە مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن تەرىپلىنىشىم كېرەك بولاتتى؛ چۈنكى ھېچ ئەرزىمەس بولساممۇ، مەن ھېلىقى «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن ھېچ تەرەپتە ھېچ ئىشتا كەم ئەمەسمەن. \x + \xo 12:11 \xt 1كور. 15‏:10. \x* \v 12 دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن. \x + \xo 12:12 \xt 1كور. 9‏:2. \x* \v 13 سىلەرنى باشقا جامائەتلەردىن قايسى تەرەپتە تۆۋەن ئورۇنغا قويدۇم؟ ــ پەقەتلا ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە يۈك قىلىپ ئارتىپ قويمىغىنىم بىلەنمۇ؟! مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر! \f □ \fr 12:13 \ft \+bd «مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!»\+bd* ــ «ئادالەتسىزلىك» ئىنتايىن كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە ــ بۇ سۆز پاۋلۇسنىڭ ئۇلاردىن ھېچ ئېقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلماي، ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى ھەقسىز يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىدا ئەسلەتكىنىدەك، ئۇ كورىنتتا خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىدا، باشقا جامائەتلەر ئۇنىڭغا ياردەم پۇلىنى ئەۋىتىپ بەردى.\f*  \x + \xo 12:13 \xt 1كور. 9‏:12؛ 2كور. 11‏:9. \x* \v 14 مانا، ھازىر يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ھېچ يۈك ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. \f □ \fr 12:14 \ft \+bd «چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر»\+bd* ــ «ئىزدىگىنىم» ــ ئىنجىل، «لۇقا» 10:19نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 12:14 \xt روس. 20‏:33. \x* \v 15 ئەمدى جېنىڭلار ئۈچۈن ئىگىلىكىمدىن خۇشلۇق بىلەن سەرپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈمنى سەرپ قىلىمەن ــ گەرچە مەن سىلەرنى قانچە سۆيگەنسېرى مەن شۇنچە ئاز سۆيۈلسەممۇ. \x + \xo 12:15 \xt 2كور. 6‏:12. \x* \v 16 ئەمدى شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم! \f □ \fr 12:16 \ft \+bd «مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم!»\+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ يەنە تاپا-تەنە، ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ. پاۋلۇس كورىنتلىقلارنى روھىي جەھەتتىن قۇۋۋەتلىمەكچى بولۇپ، ئۆزى ئۇلارنىڭ ېينىغا بارماي (كورىنتلىقلار بەلكىم ئۇنىڭ ياردەم-خىزمىتىنى رەت قىلغان بولاتتى)، بەلكى ئۆزىگە ئوخشاش باشقا كۆيۈمچان قېرىنداشلارنى ئۆز ئورنىغا ئەۋەتتى (17-ئايەتنى كۆرۈڭ). \fp لېكىن باشقىلار مۇشۇ ئايەت: «بەزىلەر مېنى ھىيلىگەرلىك قىلىپ، يالغان سۆزلەپ، سىلەردىن نەپ ئۈندۈرۈۋالىدۇ، دېيىشىپ يۈرىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \v 17 ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟! \v 18 مەن تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە ھېلىقى قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ بىز ئىككىيلەن ئوخشاش بىر روھتا يۈرىۋاتمامدۇق؟ بىزنىڭ باسقان ئىزىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟ \m \v 19 ياكى سىلەر ئەزەلدىن بىزنى «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ \add ئىش ئۇنداق ئەمەس\add*. بىز پەقەت مەسىھدە بولۇپ خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز؛ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر. \f □ \fr 12:19 \ft \+bd «...سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «...سىلەرنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر». «ئادەمنى قۇرۇش» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 20 چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛ \v 21 ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.\f □ \fr 12:21 \ft \+bd «خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن...»\+bd* ــ «ئالدىڭلاردا»، باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «سىلەر تۈپەيلىدىن». بەلكىم ئىككىلا خىل تەرجىمىسى توغرىدۇر. \+bd «... تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن»\+bd* ــ پاۋلۇس، كورىنتلىقلارنىڭ تېخى قەتئىيلىك بىلەن توۋا قىلىپ باقمىغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن يەنە خىجىل بولۇپ قالىمەن، دەپ ئەنسىرەيدۇ.\f* \b \b \m \c 13 \s1 ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالاملار \m \v 1 بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك».\f □ \fr 13:1 \ft \+bd «ھەر بىر ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك»\+bd* ــ بۇ تەۋراتنىڭ سۆزى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى ۋە ئىنجىلدىكى مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. «چۆل.» 15:19، «مات.» 16:18، «1تىم.» 19:5نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 13:1 \xt چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:5؛ مات. 18‏:16؛ يـۇھ. 8‏:17؛ ئىبر. 10‏:28. \x* \v 2‏-3 مەن ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم يېنىڭلاردا بولغىنىمدا بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ھەم قالغان ھەممىڭلارغا شۇنداق ئېيتقان، ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى (سىلەر مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن)، مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن؛ دەرۋەقە مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقان مەسىھ سىلەرگە نىسبەتەن ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئالدىڭلاردا ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر؛\f □ \fr 13:2‏-3 \ft \+bd «ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى... مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن»\+bd* ــ «ھېچكىمنى ئايىمايمەن»: پاۋلۇس «1كور.» 5-بابتا، ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بىر كىشى ئۈستىدىن «ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنداق بولغاندا روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلار، دەپ شەيتانغا تاپشۇرۇلسۇن» دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان. پاۋلۇس مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى، گۇناھقا پاتقان كىشىلەر ئوخشاش ھۆكۈمگە ئۇچرىشى مۇمكىن، دېمەكچى.\f* \v 4 ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز.\f □ \fr 13:4 \ft \+bd «بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ...»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «...بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز»\+bd* ــ دېمەك، روسۇللار سىرتتىن قارىغاندا ئاجىز كۆرۈنسىمۇ (ۋە بەلكىم ئۆزلىرىنى ئاجىز ھېس قىلغان بولسىمۇ) ئۇ خۇدانىڭ كورىنتلىقلار ئارىسىدا ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇنىڭغا ئىشەنچى كامىل بولۇپ، «بىز شۇ قۇدرەت بىلەن خىزمىتىڭلاردا كۈچلۈك بولىمىز» دېگەندەك بولىدۇ.\f* \v 5 ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟\x + \xo 13:5 \xt 1كور. 11‏:28. \x* \v 6 ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. \m \v 7 سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار.\f □ \fr 13:7 \ft \+bd «بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار»\+bd* ــ دېمەك، كورىنتلىقلار رەزىللىكتىن توۋا قىلغان بولسا، پاۋلۇس ۋە ھەمكارلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈنۈملۈك، مېۋىلىك ۋە شەرەپلىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن ــ لېكىن پاۋلۇسقا نىسبەتەن، مۇھىمى كورىنتلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ روھىي ئەھۋالىدۇر. بۇ ناھايىتى ئۇلۇغ سۆز توعرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 8 چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس.\f □ \fr 13:8 \ft \+bd «چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \fp باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتكە زىت ئىشلارنى قىلماستىن، ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك».\f* \v 9 چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر. \f □ \fr 13:9 \ft \+bd «چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز»\+bd* ــ «كۈچلۈك» ۋە «ئاجىز» روھىي تەرەپتە ئېيتىلغان، ئەلۋەتتە.\f* \v 10 سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم.\x + \xo 13:10 \xt 2كور. 10‏:8. \x* \b \m \v 11 ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. \f □ \fr 13:11 \ft \+bd «رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھەم ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، ئۇ مېھىر-مۇھەببەت، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.\f*  \x + \xo 13:11 \xt رىم. 12‏:16،18؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ ئىبر. 12‏:14؛ 1پېت. 3‏:8\x* \v 12 بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. \x + \xo 13:12 \xt رىم. 16‏:16؛ 1كور. 16‏:20؛ 1تېس. 5‏:26؛ 1پېت. 5‏:14. \x* \v 13 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. \v 14 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي!