\id 2CH \h تارىخ-تەزكىرە «2» \toc1 تارىخ-تەزكىرە «2» \toc2 تارىخ-تەزكىرە «2» \toc3 2تار. \mt1 تارىخ-تەزكىرە «2» \c 1 \s1 سۇلايمان ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 1پاد. 3‏:1-15 \m \v 1 داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەندى؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنى بەك بۈيۈك قىلدى. \m \v 2 سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىللارنى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوراقچى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرى بولغان ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا سۆز قىلدى. \v 3 سۇلايمان بارلىق جامائەت بىلەن بىرلىكتە گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىگە باردى؛ چۈنكى ئۇ يەردە خۇدانىڭ «جامائەت چېدىرى»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا باياۋاندا ياساتقان چېدىر بار ئىدى. \f □ \fr 1:3 \ft \+bd «گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكى»\+bd* ــ ياكى «گىبېئوندىكى «يۇقىرى جاي»غا». \+bd «جامائەت چېدىرى»\+bd* ــ ياكى «(خۇدا بىلەن) كۆرۈشۈش چېدىرى».\f* \v 4 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بولسا داۋۇت كىرىئات-يېئارىمدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئۇنىڭغا تەييارلىغان يەرگە ئەكەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر چېدىر تىكتۈرگەنىدى. \v 5 خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل ياسىغان مىس قۇربانگاھ بولسا \add گىبېئوندا\add*، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرى ئالدىدا ئىدى؛ سۇلايمان جامائەت بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، شۇ يەردە \add پەرۋەردىگاردىن\add* تىلەك تىلىدى. \v 6 سۇلايمان جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇربانگاھتا مىڭ مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. \m \v 7 شۇ كېچىسى خۇدا سۇلايمانغا ئايان بولۇپ، ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىنى تىلىسەڭ، شۇنى بېرىمەن، دېدى. \m \v 8 سۇلايمان خۇداغا: ــ سەن ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغان، مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ. \v 9 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى سەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى پۇختا ئورۇنلىغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنى يەردىكى توپىدەك نۇرغۇن خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ قىلدىڭ. \v 10 ئەمدى سەن ماڭا بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك دانالىق ۋە بىلىم بەرگەيسەن؛ ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ بۇ خەلقىڭگە كىم ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟ ــ دېدى.\f □ \fr 1:10 \ft \+bd «بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا «بۇ خەلقنىڭ ئالدىدا چىقىپ-كىرگۈدەك» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 11 خۇدا سۇلايمانغا: ــ مەن سېنى خەلقىمگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. ئەمدى سەن مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ، نە بايلىق، مال-مۈلۈك، نە ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، نە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلىمەي، بەلكى بۇ خەلقىمگە ھۆكۈم سۈرۈشكە دانالىق ۋە بىلىم تىلىگەن ئىكەنسەن، \v 12 دانالىق ۋە بىلىم ساڭا تەقدىم قىلىندى؛ ۋە مەن ساڭا بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتمۇ بېرەي؛ شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنداق بولمىغان، سېنىڭدىن كېيىن بولغۇسى پادىشاھلاردىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. \b \m \s1 سۇلايماننىڭ بېيىشقا باشلىشى \r 1پاد. 10‏:26-29 \m \v 13 بۇ ئىشتىن كېيىن سۇلايمان گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى «جامائەت چېدىرى»دىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىل ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. \v 14 سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى توپلىدى: ــ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق لەشكىرى بار ئىدى؛ ئۇ بۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ھەم پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. \v 15 پادىشاھ يېرۇسالېمدا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاشلاردەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدەك كۆپ قىلدى. \f □ \fr 1:15 \ft \+bd «كېدىر دەرەخلىرى»\+bd* ــ ياكى «كېدىر ياغىچى». لېكىن بىزنىڭچە سۇلايمان كېدىر ياغىچىنى ئىشلىتىپلا قالماي، شۇ چىرايلىق دەرەخلەردىن يېرۇسالېم ئەتراپىغا كۆپ تىكتۈردى («توپ.» 5:2نى كۆرۈڭ).\f* \v 16 سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ھەم كۇۋەدىن كەلتۈرۈلەتتى؛ پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى كۇۋەدىن توختىتىلغان باھاسى بويىچە سېتىۋالاتتى. \f □ \fr 1:16 \ft \+bd «سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ... سېتىۋالاتتى»\+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن كەلتۈرۈلەتتى؛ پادىشاھنىڭ سودا كارۋانلىرى كۇۋەدىن توختىتىلغان باھاسى بويىچە تۈركۈم-تۈركۈم سېتىۋالاتتى».\f* \v 17 ئۇلار مىسىردىن سېتىۋالغان ھەربىر ھارۋىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك كۈمۈش تەڭگە ئىدى؛ ئات-ھارۋىلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋە سۇرىيە پادىشاھلىرىغىمۇ ئەنە شۇ \add سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى\add* بىلەن سېتىۋېلىناتتى.\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «ئۇلار مىسىردىن سېتىۋالغان ھەربىر ھارۋىنىڭ باھاسى ... ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى ... ئات-ھارۋىلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋە سۇرىيە پادىشاھلىرىغىمۇ ئەنە ... سېتىۋېلىناتتى»\+bd* ــ تەۋرات، «قان.» 16:17دە ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا بېرىش مەنئى قىلىنغانىدى.\f* \b \b \m \c 2 \s1 سۇلايمان ئىبادەتخانىنى سېلىش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى توپلايدۇ \m \v 1 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي ھەم پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سېلىش نىيىتىگە كەلدى. \f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئوردا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆي».\f* \v 2 شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان يەتمىش مىڭ ئادەمنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ ئادەمنى تاغدا تاش كېسىشكە، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. \x + \xo 2:2 \xt 1پاد. 5‏:15-32\x* \m \v 3 سۇلايمان تۇر پادىشاھى ھۇرامغا ئادەم ئەۋەتىپ: «ئۆزلىرى ئاتام داۋۇتنىڭ تۇرالغۇسى بولسۇن دەپ ئوردا سېلىشىغا كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىلىغۇ، ماڭىمۇ شۇنداق قىلغايلا. \f □ \fr 2:3 \ft \+bd «ھۇرام»\+bd* ــ بەزى يەرلەردە «ھىرام» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \v 4 مانا، مەن ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سالماقچىمەن؛ ئۆي ئۇنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي يېقىش، «تەقدىم نانلار»نىڭ ئۈزۈلمەي قويۇلۇشى، ھەركۈنى ئەتە-ئاخشاملىرىدا، شابات كۈنلىرىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بېكىتىپ بەرگەن ھېيت-ئايەملەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسرائىل خەلقىگە مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. \v 5 مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. \v 6 لېكىن ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ ئۇنى سىغدۇرالمايدىغان تۇرسا، كىم ئۇنىڭغا ئۆي سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆي سالدۇرغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولاي؟ مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس!\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس!»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆي پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەك بىر جاي بولىدىغان تۇرسا، خالاس!».\f* \m \v 7 ئەمدى ئۆزلىرى ماڭا ئاتام داۋۇت يەھۇدادا ۋە يېرۇسالېمدا تەييارلاپ قويغان ئۇستىلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشتە، مىس ۋە تۆمۈردە ئىشلەشكە پىششىق، سۆسۈن، توق قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا ھەم نەققاشلىقنى بىلىدىغان بىر ئۇستامنى ئەۋەتكەيلا. \v 8‏-9 ھەم ماڭا لىۋاندىن كېدىر، ئارچا-قارىغاي ۋە سەندەل دەرەخلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىلا؛ چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋاندا ياغاچنى كېسىشكە ئۇستىلىقىنى بىلىمەن؛ مانا، ماڭا كۆپلەپ ياغاچلارنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن؛ چۈنكى مەن سالىدىغان ئۆي ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىب كارامەت بولىدۇ. \v 10 مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «يىگىرمە مىڭ كور»\+bd* ــ بىر كور 220 لىتر، 20000 كور 44 مىليون لىتر، يەنى بەلكىم 44,000 توننا بولىدۇ. \+bd «يىگىرمە مىڭ بات»\+bd* ــ بىر بات 22 لىتر بولۇپ، 20000 بات 440,000 لىتر بولىدۇ.\f* \m \v 11 تۇرنىڭ پادىشاھى ھۇرام سۇلايمانغا جاۋابەن مەكتۇپ يوللاپ: «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيگەچكە ئۇ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دېدى. \v 12 ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى. \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «ئوردا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆي».\f* \v 13 مانا مەن ھازىر ئۆزلىرىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن يورۇتۇلغان، ھۇرام-ئابى دېگەن بىر ئادەمنى ئەۋەتەي. \v 14 ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىلىك بىر ئايال، ئاتىسى تۇرلۇق ئىكەن. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، تاشلار، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر، سۆسۈن، توق قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا، ھەرخىل نەققاشلىق ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق لايىھىگە ئامالىنى قىلالايدۇ. بۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن ۋە ئاتىلىرى بولغان خوجام داۋۇتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن. \v 15 ئەمدى خوجام تىلغا ئالغان بۇغداي، ئارپا، ماي ۋە شاراب بولسا، بۇلارنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەيلا. \v 16 بىز بولساق سىلىگە قانچە كېرەك بولسا لىۋاندا شۇنچە ياغاچ كېسىپ، سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز؛ ئاندىن سىلى ئۇ يەردىن يېرۇسالېمغا توشۇپ كەتسىلە بولىدۇ» دېدى. \m \v 17 ئاتىسى داۋۇت ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇشلۇق ياقا يۇرتلۇقلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەندەك، سۇلايمانمۇ ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. \v 18 ئۇ ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ كىشىنى تاغدا تاش كېسىشكە ۋە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى تەيىنلىدى. \b \b \m \c 3 \s1 ئىبادەتخانىنى سېلىش \r 1پاد. 6‏:1-38؛ 7‏:13-51 \m \v 1 سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگار ئاتىسى داۋۇتقا ئايان بولغان مورىيا تېغىدا، يەنى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىدا، داۋۇت تەييار قىلىپ قويغان يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش ئىشىنى باشلىدى. \v 2 سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ قۇرۇلۇشنى باشلىدى. \f □ \fr 3:2 \ft \+bd «سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاي...»\+bd* ــ بۇ ۋاقىت بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 966-يىلى، 4-5-ئايدا بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 3 سۇلايمان سالغان خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى مۇنداق: ــ ئۇزۇنلۇقى (قەدىمكى زاماندا قوللانغان ئۆلچەم بويىچە) ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى. \f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ۇزۇنلۇقى ... ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز»\+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولىنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى.\f* \v 4 ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ، ئۆينىڭ كەڭلىكىگە توغرا كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. \f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئۆينىڭ ... ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى»\+bd* ــ كونا كۆچۈرمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ يەردە «بىر يۈز يىگرىمە گەز ئىدى» دېيىلىدۇ. بىز مۇشۇ يەردە كونا «سۇرىياك» تەرجىمىسى ۋە گرېك تىلىدىكى بىر كونا تەرجىمىسىگە ئەگىشىمىز.\f* \v 5 ئۇ ئۆينىڭ چوڭ زېلىنىڭ تاملىرىنى ئارچا-قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلاتتى، ئاندىن كېيىن ساپ ئالتۇن قاپلاتتى ۋە ئۈستىگە خورما دەرىخىنىڭ شەكلى بىلەن زەنجىر نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. \v 6 ئۇ ئۆينى ئالامەت چىرايلىق قىلىپ تاملىرىنى يەنە ئېسىل تاش-ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ئالتۇنلار پۈتۈنلەي پارۋايىم ئالتۇنى ئىدى. \v 7 ئۇ پۈتۈن ئۆينى، ئۆينىڭ لىملىرى، ئىشىك بوسۇغا-كېشەكلىرى، بارلىق تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ تامغا كېرۇبلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. \v 8 سۇلايمان يەنە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياساتتى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ (ئۆينىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ ئىدى)، كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى؛ ئالتۇن جەمئىي بولۇپ ئالتە يۈز تالالنت ئىدى. \f □ \fr 3:8 \ft \+bd «ئالتە يۈز تالالنت»\+bd* ــ 600 تالانت بەلكىم 18.4 توننا ئىدى.\f* \v 9 ئالتۇن مىقنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي ئەللىك شەكەل بولدى. بالىخانىلىرىنىڭ ئىچىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «ئەللىك شەكەل»\+bd* ــ 50 شەكەل بەلكىم 600 گرام.\f* \m \v 10 ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. \v 11 ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. \v 12 يەنە بىر كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئۇمۇ ئۆي تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئالدىنقى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. \v 13 بۇ ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرى يېيىلغان ھالدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز كېلەتتى؛ ئىككىلا كېرۇب ئۆرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، يۈزلىرى ئۆينىڭ ئىچىگە قارايتتى. \m \v 14 سۇلايمان يەنە كۆك رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، توق قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك يىپ توقۇلمىلىرىدىن ۋە نەپىس كاناپتىن \add ئۆينىڭ ئىچىدىكى\add* پەردىسىنى ياساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلارنى كەشتە قىلىپ توقۇتتى. \m \v 15 ئۆينىڭ ئالدىغا يەنە ئېگىزلىكى ئوتتۇز بەش گەز كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ياساپ قويدۇردى؛ ھەر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلەتتى. \v 16 ئۇ يەنە (ئىچكى كالامخانىدىكىدەك) مارجانسىمان زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك باشلىرى ئۈستىگە ئورناتتى؛ ئۇ يۈز دانە ئانار ياسىتىپ ئۇلارنى زەنجىرلەرگە ئورناتتى. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «كالامخانا»\+bd* ــ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ «كالامخانا» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان «ئەھدە تاش تاختىلىرى» (خۇدانىڭ كالامى) سېلىنغان «ئەھدە ساندۇقى» بار ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلكىم بەزى ۋاقتىدا، باش كاھىن شۇ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرگەندە، خۇدانىڭ بېشارەتلىرى ئۇلارغا كېلىشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 17 ئۇ بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى ئۆينىڭ ئالدىغا، بىرسىنى ئوڭ تەرىپىدە، بىرسىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزدى؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى ياقىن، سول تەرەپتىكىسىنى بوئاز دەپ ئاتىدى.\f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ياقىن» ... «بوئاز»\+bd* ــ «ياقىن» دېگەن سۆز «ئۇ مۇستەھكەملەيدۇ» دېگەن مەنىدە؛ «بوئاز» بەلكىم «كۈچ بىلەن» ياكى «قۇدرەتتە» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ مەنىسى شۇ چاغدا «ئۇ (خۇدا) بۇنى (مۇقەددەس ئۆيىنى) قۇدرەت بىلەن مۇستەھكەملەيدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.\f* \b \b \m \c 4 \m \v 1 ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ئون گەز كېلىدىغان بىر مىس قۇربانگاھ ياساتتى. \v 2 ئۇ مىستىن «دېڭىز» ياساتتى؛ ئۇنىڭ شەكلى دۈگىلەك بولۇپ، ئۇ گىرۋىكىدىن بۇ گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئايلانمىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. \f □ \fr 4:2 \ft \+bd «دېڭىز»\+bd* ــ كاھىنلار يۇيۇنىدىغان چوڭ بىر داستۇر.\f* \v 3 «دېڭىز»نىڭ سىرتقى ئاستا قىسمى بۇقىنىڭ شەكلى بىلەن چۆرۈلدۈرۈپ بېزەلگەن بولۇپ، بۇقىلار ھەربىر گەزگە ئوندىن، ئىككى قاتار قىلىنىپ، مىس «دېڭىز» بىلەن تەڭ قۇيۇپ چىقىلغانىدى. \v 4 مىس «دېڭىز»نى ئون ئىككى مىس بۇقا كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قاراپ تۇراتتى. «دېڭىز» بۇقىنىڭ دۈمبىسىگە ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇقىلارنىڭ قۇيرۇقى ئىچى تەرەپتە ئىدى. \v 5 مىس دېڭىزنىڭ قېلىنلىقى بىر ئالقان بولۇپ، چۆرىسى چىنىنىڭ گىرۋىكىدەك نىلۇپەر شەكلىدە قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بات سۇ پاتاتتى. \f □ \fr 4:5 \ft \+bd «ئۈچ مىڭ بات سۇ»\+bd* ــ ئۈچ مىڭ بات مۇشۇ يەردە بەلكىم تەخمىنەن 30000 لىتر بولسا كېرەك ئىدى. ئىبادەتخانىدىكى سخېمىلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 6 ئۇ يەنە ئون «يۇيۇش دېسى» ياسىتىپ، بەشىنى مىس دېڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، بەشىنى سول تەرىپىگە قويغۇزدى؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇم-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ داسلاردا يۇيۇلاتتى؛ «دېڭىز» بولسا كاھىنلارنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. \m \v 7 ئۇ يەنە بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئون ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئورناتتى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويدۇردى. \v 8 يەنە ئون شىرە ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە قويغۇزدى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن چىنە ياساتتى. \m \v 9 ئۇ يەنە «كاھىنلار ھويلىسى»، چوڭ ھويلا ۋە چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ياساتتى ۋە دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىنى مىس بىلەن قاپلاتتى. \v 10 ئۇ مىس «دېڭىز»نى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويغۇزدى. \m \v 11 ھۇرام يەنە قازان، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئەتكۈزدى. ھۇرام شۇ تەرىقىدە سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتتۈردى، \f □ \fr 4:11 \ft \+bd «ھۇرام»\+bd* ــ يەنى ھۇرام-ئابى. 13:2نى كۆرۈڭ.\f* \v 12 يەنى ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى. \v 13 شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى؛ بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. \v 14 ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، \v 15 «مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى. \v 16 قازان، كۈرەك، ۋىلكا-ئىلمەكلەر، ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسۋابلارنى ھۇرام-ئابى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى دەپ سۇلايمان پادىشاھقا پارقىرايدىغان مىستا ياسىتىپ بەردى. \v 17 پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زەرەداتاھ ئوتتۇرىسىدا، \add شۇ يەردىكى\add* سېغىز لايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. \f □ \fr 4:17 \ft \+bd «زەرەداتاھ»\+bd* ــ ياكى «زارەتان» («1پاد.» 46:17نى كۆرۈڭ).\f* \v 18 سۇلايمان ياساتقۇزغان بۇ ئەسۋابلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى؛ كەتكەن مىسنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بولمايتتى. \m \v 19 سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان شىرەلەرنى \v 20 ۋە ساپ ئالتۇندا قىلىنغان چىراغدانلار بىلەن چىراغلىرىنى ياساتقۇزدى؛ بۇ چىراغلار بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى «كالامخانا» ئالدىدا ياندۇرۇش ئۈچۈن بولدى. \f □ \fr 4:20 \ft \+bd «كالامخانا»\+bd* ــ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر. 16:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 21 ئۇ يەنە چىراغداننىڭ گۈللىرى، چىراغ ۋە پىلىك قايچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى (ئۇلار ساپ ئالدۇندىن ئىدى). \v 22 ئۇ يەنە پېچاقلار، تاۋاقلار، پىيالە-قاچا ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن قىلدۇردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى، يەنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىچكى قاتلىما ئىشىكلەر ۋە ئۆينىڭ «مۇقەددەس جاي»ىنىڭ تاشقىرىقى ئىشىكلىرىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى.\f □ \fr 4:22 \ft \+bd «پېچاقلار»\+bd* ــ ياكى «پىلىك قايچىلىرى» ياكى «لاخشىگىرلار». \+bd «ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى، يەنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىچكى قاتلىما ئىشىكلەر ... ئالتۇندىن قىلدۇردى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرى، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كىرىدىغان قاتلىما ئىشىكلەر ۋە ئۆينىڭ «مۇقەددەس جاي»ىنىڭ تاشقىرىقى ئىشىكلىرىنىڭ تۇرۇم-ئۈلگۈجەكلىرىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى».\f* \b \b \m \c 5 \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت \add خۇداغا\add* ئاتاپ بېغىشلىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە ھەممە باشقا بۇيۇملارنى) ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. \b \m \s1 سۇلايمان ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كىرىدۇ \r 1پاد. 8‏:1-66 \m \v 2 شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقا چاقىردى. \v 3 بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدا، بېكىتىلگەن ھېيتتا پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى \f □ \fr 5:3 \ft \+bd «يەتتىنچى ئايدا بېكىتىلگەن ھېيت»\+bd* ــ بۇ ھېيت «كەپىلەر ھېيتى» (يەنە «چېدىر ھېيتى» ياكى «مېۋە ھوسۇل ھېيتى»مۇ دەپ ئاتىلاتتى)، 7-ئاينىڭ 15-22 كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ («لاۋ.» 34:23). ئىسرائىلنىڭ ئەرلىرى ئۇنىڭغا يېرۇسالېمدا قاتنىشىشى لازىم ئىدى.\f* \v 4 ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ \add ماڭدى\add*. \v 5 ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بولغان لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «جامائەت چېدىرى»\+bd* ــ ياكى «جامائەت يىغىلىدىغان چېدىر»، يەنى «ئىبادەت چېدىرى».\f* \m \v 6 سۇلايمان پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىنى قۇربانلىق قىلىۋاتاتتى. \v 7 كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. \f □ \fr 5:7 \ft \+bd «كالامخانا»\+bd* ــ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر. 16:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 8 كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. \v 9 بۇ بالداقلار ساندۇقنىڭ تۇتقۇچلىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن چىقىپ تۇرغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «بۈگۈنگە قەدەر...»\+bd* ــ بۇ ئىبارە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ خاتىرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىبادەتخانا تېخى ئۆز جايىدا تۇرغان ۋاقتىدا، سۈرگۈن بولۇشتىن ئىلگىرى يېزىلغان (36-باب، 11-23-ئايەتلەرنى بەلكىم كېيىنكى بىر خاتىرىچى قوشۇپ يازغان).\f* \v 10 ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاختايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى).\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «ھورەب تېغى» \+bd* ــ سىناي تېغىنىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.\f* \m \v 11 كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشتى (شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق كاھىنلار، ئۆز نۆۋىتىگە قارىماي ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى؛ \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «كاھىنلار... ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى»\+bd* ــ مۇشۇ «پاكىزلاش» تەۋراتتىكى تاھارەت بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى (مەسىلەن، «لاۋ.» 21-باب، 1:22-9نى كۆرۈڭ).\f* \v 12 نەغمە-ناۋاچى بارلىق لاۋىيلار، جۈملىدىن ئاساف، ھېمان، يەدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى چەكمەن تونلىرىنى كىيىشىپ، قۇربانگاھنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلار چېلىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار بىلەن بىللە كاناي چېلىۋاتقان يەنە بىر يۈز يىگىرمە كاھىن بار ئىدى) \v 13 ۋە شۇنداق بولدۇكى، كانايچىلار بىلەن نەغمە-ناۋاچىلار ھەممىسى بىردەك چېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتقاندا، يەنى كانايلار، جاڭلار ۋە ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر» دەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەۋاتقاندا ــ شۇ ھامان ئىبادەتخانا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىر بۇلۇت بىلەن تولدۇرۇلدى؛ \v 14 كاھىنلار ئەشۇ بۇلۇت تۈپەيلىدىن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈشكە تۇرالمايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى خۇدانىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. \b \b \m \c 6 \m \v 1 بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ \v 2 لېكىن، \add ئى پەرۋەردىگار\add*، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى.\f □ \fr 6:2 \ft \+bd «ھەيۋەتلىك ماكان»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «تۇرالغۇ-ماكان».\f* \m \v 3 ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. \v 4 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئەسلىدە داۋۇتقا: ــ \m \v 5 «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، ياكى خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا ھېچقايسى ئادەمنى تاللىمىدىم؛ \v 6 ھالبۇكى، مەن نامىم شۇ يەردە بولسۇن دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم ۋە خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. \m \v 7 ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. \v 8 بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ \v 9 ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى. \m \v 10 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. \v 11 مەن بۇ ئۆيدە ئەھدە ساندۇقىنى قويدۇم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدە \add تاختىلىرى\add* باردۇر» دېدى. \b \m \s1 سۇلايمان ئىسرائىل ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ \m \v 12 ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: ــ \v 13 (چۈنكى بايا سۇلايمان مىستىن ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز كېلىدىغان بىر پەشتاق ياسىتىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاسمانغا قاراپ غۇلىچىنى يايغانىدى) \v 14 ــ ئۇ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە ئاسماندا نە زېمىندا سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ سېنىڭ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان ئۆز قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن. \v 15 چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭنى مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقاردىڭ. \v 16 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك، قانۇنۇمغا ئەمەل قىلىپ ماڭسىلا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. \v 17 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن! \m \v 18 لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ئىنسانلار بىلەن ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمايدىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! \v 19 لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن. \v 20 شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىمنى ئۇ يەردە ئايان قىلىمەن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. \f □ \fr 6:20 \ft \+bd «ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسى»\+bd* ــ ياكى بولمىسا: «ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جاي توغرىسىدىكى دۇئاسى...»\f* \v 21 قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن. \m \v 22 ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، \f □ \fr 6:22 \ft \+bd «ئەگەر... ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە...»\+bd* ــ بۇنداق قەسەم توغرۇلۇق «چۆل.» 5:11-31نى كۆرۈڭ. «قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلسە...» مۇمكىنچىلىكى باركى، ئىسرائىلدا مۇشۇنداق قەسەملەرنى ئىچىش ئۈچۈن قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كېلىش كېرەك ئەمەس ئىدى، پەقەت: «خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى...» دېگەندەك سۆزلەر ئېيتىلغان بولسا «نەق قۇربانگاھ ئالدىدا تۇرغاندەك» ھېسابلىناتتى.\f* \v 23 سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن. \m \v 24 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، يامانلىقىدىن قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، \v 25 سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. \m \v 26 ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، \v 27 سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن! \m \v 28 ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، \v 29 ئۇنداقتا بارلىق خەلقىڭ ئىسرائىل بولسۇن، ھەرقانداق كىشى بولسۇن، ئۆزىگە كەلگەن ئاپەتنى ۋە ئۆز دەردىنى بىلىپ، قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، مەيلى قانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلسۇن، \v 30 ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن، سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، پەقەت سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ \v 31 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقۇپ يوللىرىڭدا ماڭىدىغان بولىدۇ. \m \v 32 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا، ئۇ كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، \v 33 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ. \f □ \fr 6:33 \ft \+bd «بۇ ئۆي سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنى»\+bd* ــ بۇ ئىبارە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى توغرۇلۇق «بۇ ئۆي مېنىڭكىدۇر» ۋە «بۇ ئۆيدە مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم ئايان قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئىككى مەقسىتىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 34 ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، \v 35 سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. \m \v 36 ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆز زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، \v 37 لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، \v 38 ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ دۇئا قىلسا، \v 39 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ \v 40 ئەمدى ئى خۇدايىم، سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قىلغان دۇئالارغا كۆزۈڭ ئوچۇق، قۇلىقىڭ دىڭ بولغاي! \m \v 41 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، \m سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى بولغان ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، \m ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگەيسەن! \m كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيدۈرۈلسۇن، \m مۆمىن بەندىلىرىڭ ياخشىلىقىڭدىن شادلانسۇن! \m \v 42 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ \m قۇلۇڭ داۋۇتقا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!».\f □ \fr 6:42 \ft \+bd «ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭ»\+bd* ــ بۇ، بەلكىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى. خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى» توغرۇلۇق «زەبۇر» 2-كۈي ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. \+bd «قۇلۇڭ داۋۇتقا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئىبارە خۇدانىڭ داۋۇتقا قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \b \b \m \c 7 \s1 سۇلايمان ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلايدۇ \m \v 1 سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇردى. \v 2 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇرۇۋەتكەچكە، كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى. \v 3 ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى. \v 4 پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. \v 5 سۇلايمان پادىشاھ يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوينى قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنى \add خۇداغا\add* بېغىشلىدى. \v 6 كاھىنلار ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا ئاتىغان سازلارنى تۇتقان لاۋىيلار ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇراتتى (پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىدە ئىشلەتكىلى ياسىغانىدى، \add ئۇ پەرۋەردىگارغا\add*: «ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغىنىدا ئۇلارنى ئىشلىتەتتى)؛ كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ كاناي چېلىشاتتى؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇشقانىدى. \m \v 7 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى سۇلايمان ياساتقان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاش ھەدىيىلىرى ۋە قۇربانلىقلارنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. \v 8 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت ھېيت ئۆتكۈزدى. \f □ \fr 7:8 \ft \+bd «خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ...»\+bd* ــ ياكى «لىبو-خاماتتىن تارتىپ...».\f* \v 9 سەككىزىنچى كۈنى ئۇلار تەنتەنىلىك بىر ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى؛ ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغانىدى ئاندىن ئۇلار يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. \f □ \fr 7:9 \ft \+bd «... يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى»\+bd* ــ «كەپىلەر ھېيتى» بېكىتىلگەن ۋاقىت يەتتە كۈن ئىدى. ئىسرائىللار مۇشۇ ۋاقىتقا يەنە يەتتە كۈن قوشتى.\f* \v 10 يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ خەلقنى ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا، سۇلايمانغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ قايتىپ كەتتى. \b \m \v 11 شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ياساپ پۈتتۈردى. سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا نېمە قىلىش كەلگەن بولسا، شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق پۈتتى.\f □ \fr 7:11 \ft \+bd «ئوردا»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «ئۆي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \b \m \s1 پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە ھەم ئاگاھ بېرىدۇ \r 1پاد. 9‏:1-9 \m \v 12 ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم. \v 13 ئەگەر مەن ئاسماننى يامغۇر ياغمايدىغان قىلىپ ئېتىۋەتسەم ياكى چېكەتكىلەرگە زېمىندىكى مەھسۇلاتلارنى يەپ تاشلاشنى بۇيرۇسام ۋە ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا تارقىتىۋەتسەم، \v 14 \add شۇ چاغدا\add* نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd ...\+bd*\+bdit ئۇلارنىڭ\+bdit* زېمىنىنى ساقايتىمەن ــ مۇشۇ دېگەنلىك خۇدانىڭ قەھەتچىلىك، چېكەتكىلەر ۋە ۋابالار يەتكۈزگەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 15 ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ. \v 16 مەن ئەمدى نامىم مەڭگۈ بۇ يەردە ئايان قىلىنسۇن دەپ بۇ ئۆينى تاللاپ، ئۇنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم؛ كۆزۈممۇ، قەلبىممۇ ھەمىشە شۇ يەردە بولىدۇ. \m \v 17 سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئالدىمدا ماڭساڭ، \v 18 مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئەھدە قىلغىنىمدەك، مەن سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە مەھكەم قىلىمەن. \v 19 بىراق ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا جاكارلىغان بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ چوقۇنساڭلار، \v 20 شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىلنى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى قىلىمەن؛ \v 21 بۇ ئۆي گەرچە ھازىر ئۇلۇغ بولسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھەيران قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. \f □ \fr 7:21 \ft \+bd «بۇ ئۆي گەرچە ھازىر ئۇلۇغ بولسىمۇ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئۆي بىر خارابە بولىدۇ،...»\f* \v 22 كىشىلەر: ــ چۈنكى \add زېمىندىكى خەلقلەر\add* ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلارھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. \b \b \m \c 8 \s1 قۇرۇلۇشلار ۋە سودا-سېتىقلار \r 1پاد. 9‏:10-28 \m \v 1 شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، \v 2 ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd «ھىرام»\+bd* ــ ياكى «ھۇرام»، يەنى تۇرنىڭ پادىشاھى.\f* \m \v 3 سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. \m \v 4 ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى. \v 5 ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛ \v 6 بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. \m \v 7 ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن \add ئىسرائىل\add* زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، \v 8 سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشاغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. \f □ \fr 8:8 \ft \+bd «ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەر...»\+bd* ــ بۇ ۋەقەلەر يەشۇئا پەيغەمبەر زامانىدا بولغان. تەۋراتتىكى «يەشۇئا»نى كۆرۈڭ. مۇشۇ ھاشارچىلار 5:13-16دە خاتىرىلەنگەنلەردىن باشقا ھاشارچىلار بولسا كېرەك ئىدى. \+bd «ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى»\+bd* ــ بۇ سۆز ئىسرائىللار تېخى ئۆز ۋەتىنىدە تۇرغان ۋاقتىدا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە.\f* \v 9 لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. \v 10 بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى.\f □ \fr 8:10 \ft \+bd «چوڭ نازارەتچىلىرى... ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى»\+bd* ــ «1پاد.» 23:9دە بۇ سان بەش يۈز ئەللىك دېيىلىدۇ. بەلكى بۇ سانلار باشقا-باشقا ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \m \v 11 سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى. \f □ \fr 8:11 \ft \+bd «سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى ... ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس»\+bd* ــ ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، پىرەۋننىڭ قىزى يەھۇدىي بولمىغاچقا ۋە بەلكىم پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.\f* \m \v 12 سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى \add مۇقەددەس جاينىڭ\add* ئايۋانىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛ \v 13 ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. \f □ \fr 8:13 \ft \+bd «پېتىر نان ھېيتى»\+bd* ــ يەنە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ياكى «پاسخا ھېيتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. \+bd «كەپىلەر ھېيتى»\+bd* ــ «ھەپتىلەر ھېيتى» ــ يەنى «دەسلەپكى ھوسۇل ھېيتى» دەپ ئاتىلىدۇ.\f* \v 14 سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. \v 15 \add كاھىن-لاۋىيلار\add* پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى. \m \v 16 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى. \m \v 17 ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا \add قىزىل\add* دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى. \v 18 ھۇرام \add پادىشاھ\add* ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى. \f □ \fr 8:18 \ft \+bd «تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن»\+bd* ــ 450 تالانت بەلكىم 15 توننا ئىدى. \+bd «ھۇرام ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ... ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن ... ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى»\+bd* ــ ھۇرامنىڭ كېمىلىرى بەلكىم يۇقىرىدا 17-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئەزىئون-گەبەر ۋە ئېلات دېگەن پورتلارغا بېرىپ-كېلەتتى.\f* \b \b \m \c 9 \s1 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى دانالىقنى ئىزدەپ كېلىدۇ \r 1پاد. 10‏:1-3 \m \v 1 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. \v 2 سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە سۇلايمانغا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. \m \v 3 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، \v 4 داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭدا روھ قالمىدى». دېمەك، ئىنتايىن ھەيران قالدى.\f* \m \v 5 ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ \v 6 ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن ھەتتا يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. \v 7 سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلىرى نەقەدەر بەختلىكتۇر! \v 8 سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! خۇدالىرى ئىسرائىلغا باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرسۇن دەپ ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى ئۇلار ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى، دېدى. \m \v 9 ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس \v 10 (ئوفىردىن ئالتۇنلارنى ئەپكېلىدىغان ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچىنى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. \v 11 پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەيلەر ياساپ ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇنداق ئېسىل سەندەل ياغىچى يەھۇدا زېمىنىدا بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى). \f □ \fr 9:11 \ft \+bd «شۇنداق ئېسىل سەندەل ياغىچى»\+bd* ــ ياكى «ئۇنداق سازلار».\f* \v 12 سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىلىرىدىن ئاشۇرۇپ سوۋغا تۇتتى، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. \b \m \s1 سۇلايماننىڭ بايلىقلىرى \r 1پاد. 10‏:14-29 \m \v 13 سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. \f □ \fr 9:13 \ft \+bd «ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت»\+bd* ــ 666 تالانت، 22 توننا.\f* \v 14 بۇ كىرىمدىن باشقا، ئوقەتچى-تىجارەتچىلەر، بارلىق ئەرەب پادىشاھلار ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلارمۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ سۇلايمانغا تاپشۇراتتى. \m \v 15 سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى . \f □ \fr 9:15 \ft \+bd «ئالتە يۈز شەكەل»\+bd* ــ 600 شەكەل بەلكىم 7 كىلوگرامغا يېقىن.\f* \v 16 شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ يۈز شەكەل ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى.\f □ \fr 9:16 \ft \+bd «ئۈچ يۈز شەكەل»\+bd* ــ 300 شەكەل بەلكىم 3.5 كىلوگرامغا يېقىن. \+bd «لىۋان ئورمىنى سارىيى»\+bd* ــ سۇلايماننىڭ ئوردىسىنىڭ «لىۋان ئورمىنى سارىيى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىدا لىۋاندىن كەلتۈرۈلگەن چىرايلىق كېدىر ياغاچلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن بولغانىدى. ئوردا ئىچىدە «كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار» بولغىنى ئۈچۈن «ئورماندەك» كۆرۈنگەن بولسا كېرەك.\f* \m \v 17 پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەخت ياساپ، ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. \v 18 تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى، ئۇنىڭ بىر ئالتۇن پۇتپەرىسى تەخت بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى؛ ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. \v 19 ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى. \m \v 20 سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارايى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمە ھېسابلىناتتى. \v 21 چۈنكى پادىشاھنىڭ كېمىلىرى ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە تارشىشقا بېرىپ تۇراتتى؛ «تارشىش كېمە»لەر ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى.\f □ \fr 9:21 \ft \+bd «تارشىش\+bd* ــ «تارشىش» دېگەن ئىسىم ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى برىتاننىيەنى ياكى ئۈچىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «تارشىش كېمە»\+bd* ــ بەلكىم تارشىش دېگەن پورتقا بېرىپ كېلىش سەپىرىگە چىداملىق بولغان كېمىنى كۆرسىتەتتى.\f* \m \v 22 سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. \v 23 خۇدانىڭ سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى؛ \v 24 كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر يىلى ئۇلار بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. \f □ \fr 9:24 \ft \+bd «تېتىتقۇلار»\+bd* ــ ياكى «خۇشبۇي بۇيۇملار».\f* \m \v 25 ۋە سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىسىغا قاتىدىغان ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئېغىلى بار ئىدى، شۇنىڭدەك ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. \f □ \fr 9:25 \ft \+bd «جەڭ ھارۋىسىغا قاتىدىغان ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئېغىل»\+bd* ــ ياكى «ئاتلار ئۈچۈن تۆت مىڭ ئېغىلى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە...». \+bd «ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى»\+bd* ــ ياكى پەقەت «ئون ئىككى مىڭ ئاتلىرى».\f* \v 26 سۇلايمان \add ئەفرات\add* دەرياسىدىن فىلىستىيە زېمىنىغىچە تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغا قەدەر بولغان بارلىق پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. \v 27 پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. \f □ \fr 9:27 \ft \+bd «كېدىر دەرەخلىرى»\+bd* ــ ياكى «كېدىر ياغىچى». لېكىن بىزنىڭچە سۇلايمان كېدىر ياغىچىنى ئىشلىتىپلا قالماي، شۇ چىرايلىق دەرەخلەردىن يېرۇسالېم ئەتراپىغا كۆپ تىكتۈردى («توپ.» 5:2نى كۆرۈڭ). \+bd «جەنۇبىي تۈزلەڭلىك»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەفەلاھ» ــ بۇ يەر ئىسمى.\f* \v 28 كىشىلەر ئاتلارنى مىسىردىن ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىن سۇلايمانغا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇراتتى. \b \m \v 29 سۇلايماننىڭ باشقا ئەمەللىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «ناتان پەيغەمبەرنىڭ بايانلىرى»، «شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ بىشارىتى»، شۇنداقلا نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام توغرۇلۇق «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددو كۆرگۈن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر» دېگەن كىتابلارغا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ \f □ \fr 9:29 \ft \+bd «ناتان پەيغەمبەرنىڭ بايانلىرى»، «شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ بىشارىتى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددو كۆرگۈن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر»\+bd* ــ مۇشۇ ئۈچ كىتابتىن ھازىر خەۋىرىمىز يوق.\f*  \x + \xo 9:29 \xt 1پاد. 11‏:41-43\x* \m \v 30 سۇلايمان يېرۇسالېمدا تۇرۇپ پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 31 سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ خالايىق ئۇنى ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ ئوغلى رەھوبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.\f □ \fr 9:31 \ft \+bd «سۇلايمان... ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى»\+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىبارىلەر ئۈستىدە «پادىشاھلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 10 \s1 ئىسرائىل ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ ــ شىمالىي قەبىلىلەر رەھوبوئامغا قارشى چىقىدۇ \r 1پاد. 12‏:1-24 \m \v 1 رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. \v 2 نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا شۇنداق بولدىكى، مىسىردىن قايتىپ كەلدى (چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). \v 3 ئەمدى خالايىق ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل كېلىپ رەھوبوئامغا: ــ \m \v 4 سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. \m \v 5 ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. \v 6 رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى. \m \v 7 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنى خۇش قىلىپ ئۇلارغا مېھرىبان مۇئامىلە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى. \m \v 8 لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ \v 9 ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. \v 10 ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر. \v 11 ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى.\f □ \fr 10:11 \ft \+bd «چايانلىق قامچىلار»\+bd* ــ ياكى بولمىسا «چايانلار» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر مەلۇم ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا پادىشاھنىڭ ئىنتايىن قاتتىق مۇئامىلىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \m \v 12 رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. \v 13 رەھوبوئام پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى تاشلاپ كۆپچىلىككە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى. \v 14 ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. \m \v 16 پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.\f □ \fr 10:16 \ft \+bd «ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى»\+bd* ــ «ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى».\f* \m \v 17 ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. \f □ \fr 10:17 \ft \+bd «يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللار»\+bd* ــ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن بولغان، ئەلۋەتتە. باشقا قەبىلىدىكىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 18 رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. \v 19 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. \f □ \fr 10:19 \ft \+bd «ئىسرائىل»\+bd* ــ بۇ تارىختا مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئادەتتە «شىمالىي پادىشاھلىق»، يەنى «ئون قەبىلە»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 11 \s1 رەھوبوئامنىڭ ئىشلىرى \m \v 1 رەھوبوئام يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىپ پادىشاھلىقنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىن جەمەتىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. \v 2 لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ \m \v 3 «يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ \f □ \fr 11:3 \ft \+bd «يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللار»\+bd* ــ بەلكىم يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر، بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر (ئۆزلىرىنى «ئىسرائىللار» دەپ ھېسابلىغان، ئەلۋەتتە) ھەم يەھۇدا ۋە بىنيامىن يۇرتلىرىدا تۇرۇشلۇق باشقا قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللارنى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 4 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، يەروبوئامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ياندى. \m \v 5 رەھوبوئام يېرۇسالېمدا تۇراتتى، ۋە يەھۇدادا قورغانلىق شەھەرلەرنى سالغۇزغانىدى. \v 6 ئۇ بەيت-لەھەم، ئېتام، تەكوئا، \v 7 بەيت-زۇر، سوكوھ، ئادۇللام، \v 8 گات، مارەشاھ، زىف، \v 9 ئادورايىم، لاقىش، ئازىكاھ، \v 10 زوراھ، ئايجالون، ھېبروننى ياساتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىق شەھەرلەر بولۇپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىننىڭ زېمىنىدا ئىدى. \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «زوراھ»\+bd* ــ ياكى «زورېئاھ».\f* \v 11 ئۇ بارلىق قەلئە-قورغانلارنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۇلاردا سەردارلارنى تەيىنلىدى، زاپاس ئاشلىق، ماي ۋە شارابلارنى تەييارلىدى. \f □ \fr 11:11 \ft \+bd «بارلىق قەلئە-قورغانلار»\+bd* ــ بەلكىم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەرنى، بولمىسا ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدىغان قەلئە-قورغانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 12 ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنى كۆپلىگەن قالقان ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالامەت مۇستەھكەملىۋەتتى. يەھۇدا بىلەن بىنيامىن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى.\f □ \fr 11:12 \ft \+bd «ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭغا تەۋە ئىدى».\f* \m \v 13 پۈتكۈل ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار قايسى يۇرتتا بولمىسۇن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. \v 14 چۈنكى يەروبوئام بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى لاۋىيلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كاھىنلىق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ يەھۇدا زېمىنغا ۋە يېرۇسالېمغا كېلىشكەنىدى \v 15 (چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى). \f □ \fr 11:15 \ft \+bd «يۇقىرى جايلار»\+bd* ــ تەۋراتتىكى «قان.» 5:12-14دە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يەرلەردە، خۇدا ئىسرائىللارغا: بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، پەقەت «ئۆزۈم تاللىغان جاي»دا قۇربانلىق قىلسۇن، دەپ تاپىلايدۇ. ئىسرائىلنىڭ تارىخىدا خۇدا مۇشۇنداق قۇربانلىق قىلىدىغان بىرنەچچە جاينى بېكىتكەنىدى (بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا جاينى بېكىتكەنىدى). بىراق ئىسرائىللار بەلكىم ئۆز قولايلىقىنى كۆزلەپ (ۋە بەلكىم بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوراپ) خۇدانىڭ ئەمرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىپ تاغ چوققىلىرى قاتارلىق يۇقىرى جايلاردا خۇداغا ئىبادەت قىلىپ قۇربانلىق قىلغان. بۇنىڭ شۇنداق بىر خەتىرى بار ئىدىكى، ئۇلار ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ يەردە ھەرخىل بۇتلارغىمۇ چوقۇنۇپ، ھەتتا بۇتپەرەسلەرگە ئەگىشىپ «ئىنسان قۇربانلىق»لارنىمۇ قىلىشى مۇمكىن ۋە دەرۋەقە كۆپ ۋاقىتلاردا شۇنداق قىلدى (مەسىلەن، «ئەز.» 21:16، 26:20نى كۆرۈڭ).\f* \v 16 ۋە بۇ \add لاۋىيلارغا\add* ئەگىشىپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن كۆڭلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ-ئىزدەشكە ئىرادە تىكلىگەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. \v 17 شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامنى ئۈچ يىل كۈچلەندۈردى؛ چۈنكى \add يەھۇدادىكىلەر\add* ئۈچ يىل داۋۇتنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ يولىدا ماڭغانىدى. \m \v 18 رەھوبوئام ماھالاتنى ئەمرىگە ئالدى. ماھالات داۋۇتنىڭ ئوغلى يەرىموتنىڭ قىزى؛ ئۇنىڭ ئانىسى يەسسەنىڭ ئوغلى ئېلىئابنىڭ قىزى ئابىھايىل ئىدى. \v 19 ماھالاتتىن رەھوبوئامغا يەئۇش، شېمارىيا ۋە زاھام دېگەن ئوغۇللار تۆرەلدى. \v 20 كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ \add نەۋرە\add* قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى. \v 21 رەھوبوئام ئابشالومنىڭ \add نەۋرە\add* قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالغان بارلىق ئاياللىرى ۋە كېنىزەكلىرىدىن بەكرەك سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ جەمئىي ئون سەككىز ئايال ۋە ئاتمىش كېنىزەكنى ئەمرىگە ئالغان؛ ئۇ جەمئىي يىگىرمە سەككىز ئوغۇل، ئاتمىش قىز پەرزەنت كۆرگەن. \v 22 رەھوبوئام مائاكاھدىن بولغان ئوغلى ئابىيانى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چوڭ شاھزادە قىلىپ تىكلىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى پادىشاھلىققا ۋارىس قىلماقچى ئىدى. \v 23 رەھوبوئام ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئوغۇللىرىنى يەھۇدانىڭ بارلىق زېمىنلىرى ۋە بىنيامىننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ناھايىتى كۆپ زاپاس ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۇ يەنە ئۇلارغا نۇرغۇن خوتۇن ئېلىپ بەردى. \b \b \m \c 12 \s1 رەھوبوئام پەرۋەردىگارغا يۈز ئۆرىيدۇ \r 1پاد. 14‏:21-31 \m \v 1 رەھوبوئامنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەم بولغاندا، شۇنداقلا كۈچەيگەندە، شۇنداق بولدىكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-ئەھكاملىرىنى تەرك قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى. \v 2 ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن، رەھوبوئام سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قوزغىدى. \v 3 شىشاك بىر مىڭ ئىككى يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئاتمىش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى؛ ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىردىن ئېلىپ چىققان لەشكەرلەر، جۈملىدىن لىۋىيەلىكلەر، سۇككىيلەر ۋە ئېفىئوپىيلەر سان-ساناقسىز ئىدى. \v 4 ئۇ يەھۇداغا تەۋە بولغان قورغانلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى. \v 5 بۇ چاغدا شىشاك سەۋەبىدىن يەھۇدا ئەمەلدارلىرى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقانىدى؛ شىمايا پەيغەمبەر رەھوبوئام ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭلار ئۈچۈن، مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ شىشاكنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم» دەيدۇ، دېدى. \m \v 6 شۇنى ئاڭلاپ، ئىسرائىل ئەمەلدارلىرى بىلەن پادىشاھ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، دېيىشتى. \m \v 7 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ. \f □ \fr 12:7 \ft \+bd «...ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن»\+bd* ــ ياكى «...ئۇلارنى بىرئازدىن كېيىن قۇتقۇزىمەن» ياكى «...ئۇلارنى ۋاقتىنچە قۇتقۇزىمەن».\f* \v 8 ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بېقىنىش بىلەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا بېقىنىشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار شىشاكقا بېقىندى بولىدۇ» ــ دېيىلدى. \m \v 9 شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنە-بايلىقلار بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنە-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپار-قالقانلارنى قويماي ئېلىپ كەتتى. \v 10 ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. \v 11 پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ قالقانلارنى ئېلىپ تۇتۇپ تۇراتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكېلىپ قويۇشاتتى. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنى تۆۋەن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇنىڭدىن يېنىپ، ئۇنى تامامەن يوقىتىۋەتمىدى؛ يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى. \f □ \fr 12:12 \ft \+bd «يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى»\+bd* ــ ياكى «يەھۇدادىكىلەر ئازراق ياخشىلىقنى كۆردى».\f* \m \v 13 پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى. \v 14 رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى. \m \v 15 رەھوبوئامنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە نەسەب خاتىرىلىرىدىكى «شىمايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددونىڭ سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار توختىماي بولۇپ تۇراتتى. \v 16 رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \b \b \m \c 13 \s1 ئابىيا يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 1پاد. 15‏:1-8 \m \v 1 پادىشاھ يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئابىيا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولدى. \v 2 ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىكايا بولۇپ، ئۇ گىبېئاھلىق ئۇرىيەلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. \v 3 ئابىيا جەڭ قىلىش ئۈچۈن خىللانغان جەڭچىلەردىن تۆت يۈز مىڭنى باشلاپ چىقتى؛ يەروبوئاممۇ خىللانغان باتۇر جەڭچىلەردىن سەككىز يۈز مىڭنى باشلاپ چىقىپ، ئابىياغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. \m \v 4 ئابىيا ئەفرائىم تاغلىق رايونىدىكى زەمارايىم تېغىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى يەروبوئام ۋە ئىسرائىل خەلقى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! \v 5 بىلمەمسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار «تۇزلۇق ئەھدە» قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى پادىشاھلىقنى داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈگە تەقدىم قىلغانغۇ؟ \f □ \fr 13:5 \ft \+bd «تۇزلۇق ئەھدە»\+bd* ــ دېمەك، تۇز بىلەن ئىپادىلەنگەن. «لاۋ.» 13:2 ۋە «چۆل.» 19:18نى كۆرۈڭ. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا (ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولغاندەك) تۇز بولسا «مەڭگۈلۈك»نىڭ، «چىرىماسلىق»نىڭ ۋە «تەم»نىڭ سىمۋولىدۇر.\f* \v 6 لېكىن داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ قۇلى، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام قوزغىلىپ ئۆز غوجىسىدىن يۈز ئۆرىدى. \v 7 شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇتتەھەملەر، «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بىلەن قارشىلىشىشقا ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈردى؛ رەھوبوئام ئۇ چاغدا تېخى ياش، سەبىي بالىدەك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى. \f □ \fr 13:7 \ft \+bd «بېلىيال»\+bd* ــ شەيتاننىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر. «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئىپلاس ئادەملەرنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 8 ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان پادىشاھلىقىغا قارشى چىقىپ «ئۆزىمىزنى كۆرسىتىمىز» دەيسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار دەرۋەقە كۆپتۇر؛ سىلەردە يەنە يەروبوئام سىلەرگە ياساپ بەرگەن، ئىلاھلار دەپ قارىلىدىغان ئالتۇن موزايلار بار. \v 9 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى قوغلىۋېتىپ، يەر يۈزىدىكى باشقا ئەللەر قىلغىنىدەك ئۆزلىرىڭلارغا \add خالىغانچە\add* كاھىن تىكلىۋالغان ئەمەسمىدىڭلار؟ كىمدەكىم بىر تورپاق ۋە يەتتە قوزىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزۈمنى \add كاھىنلىققا\add* بېغىشلايمەن دېسە، ئۇ خۇدا بولمىغان بۇتلارغا كاھىن بولالايدۇ! \v 10 لېكىن بىز بولساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولغان كاھىنلار بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا. \f □ \fr 13:10 \ft \+bd «لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا»\+bd* ــ ياكى «لاۋىيلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا» ــ يەنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە.\f* \v 11 ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئېسىل خۇشبۇي ياقىدۇ. پاكىز شىرەگە «تەقدىم نانلار»مۇ تىزىپ قويۇلىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇلار ئالتۇن چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنى ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىڭلار. \v 12 قاراڭلار، خۇدا بىزنى باشلىغۇچى بولۇپ بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قوللىرىغا كاناي ئالغان، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال چىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئۇنىڭ كاھىنلىرىمۇ بىز بىلەن بىللىدۇر. ئى ئىسرائىل بالىلىرى، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ھەرگىز غەلىبە قازىنالمايسىلەر». \m \v 13 لېكىن يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن بۆكتۈرمە قويغانىدى. شۇنداقكى، ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئىدى ۋە بۆكتۈرمە قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە ساقلاپ تۇراتتى. \v 14 يەھۇدالار بۇرۇلۇپ قارىسا، مانا ئۆزلىرى ئالدى-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى، كاھىنلارمۇ كانايلارنى چالدى. \v 15 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشتى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشۈۋاتقاندا، خۇدا يەروبوئام بىلەن بارلىق ئىسرائىللارنى ئابىيا بىلەن يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇپ تېرە-پەرەڭ قىلدى. \v 16 ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ خۇدا ئۇلارنى يەھۇدالارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. \v 17 ئابىيا بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قاتتىق قىرغىن قىلدى؛ ئىسرائىللاردىن خىللانغان بەش يۈز مىڭ ئەسكەر قەتل قىلىندى. \v 18 بۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەن قىلىندى؛ يەھۇدادىكىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قازاندى. \f □ \fr 13:18 \ft \+bd «تۆۋەن قىلىندى»\+bd* ــ ياكى «مەغلۇپ قىلىندى».\f* \v 19 ئابىيا يەروبوئامنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىن بىرقانچە شەھىرىنى، يەنى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، يېشاناھ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، ئەفرون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى تارتىۋالدى. \v 20 يەروبوئام ئابىيانىڭ كۈنلىرىدە قايتىدىن كۈچلىنەلمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى ئۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. \m \v 21 ئابىيا بولسا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى؛ ئۇ ئون تۆت خوتۇن ئېلىپ، يىگىرمە ئىككى ئوغۇل، ئون ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. \v 22 ئابىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ماڭغان يوللىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى «ئىددو پەيغەمبەرنىڭ تەھلىلى»دە پۈتۈلگەندۇر. \b \b \m \c 14 \s1 ئاسا يەھۇدا ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ ــ ئۇنىڭ ئېتىقادى \r 1پاد. 15‏:9-12 \m \v 1 ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، كىشىلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئاسا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە ئون يىل تىنچ ئۆتتى. \v 2 ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە توغرا بولغاننى قىلدى. \v 3 ئۇ يات ئەللەردىن كەلگەن بۇت قۇربانگاھلىرىنى ۋە «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ئۆرۈپ چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كىسىپ تاشلىدى، \f □ \fr 14:3 \ft \+bd «ئۇ يات ئەللەردىن كەلگەن بۇت قۇربانگاھلىرىنى ۋە «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ...»\+bd* ــ 15:11 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. \+bd ««ئاشەراھ» بۇتلار»\+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 4 يەھۇدالارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى، مۇقەددەس قانۇن-ئەمرلەرنى تۇتۇشنى ئەمر قىلدى. \v 5 ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدىكى ھەربىر شەھەرلەردىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى يوقاتتى. ئۇ چاغدا پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تىنچ-ئاسايىشلىقتا ئۆتتى. \f □ \fr 14:5 \ft \+bd «كۈم تۈۋرۈكلىرى»\+bd* ــ ياكى «ئىسرىقگاھلار» ياكى «قۇياش مەبۇدلىرى».\f* \v 6 ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدا بىرنەچچە قورغانلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى، چۈنكى يۇرت-زېمىن ئاراملىقتا بولدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرگەچكە، شۇ يىللاردا ھېچ ئۇرۇش بولمىدى. \v 7 ئۇ يەھۇدالارغا: ــ زېمىن ئالدىمىزدا تىنچ تۇرغاندا، بۇ شەھەرلەرنى سېپىل بىلەن قورشالغان، مۇنارلىق، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان شەھەرلەر قىلىپ قۇرايلى؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىنىمىز ئۈچۈن ئۇ تىنچلىك بەردى؛ بىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدۇق ۋە ئۇ بىزنىڭ تۆت ئەتراپىمىزدا بىزگە ئاراملىق بەردى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرۇلۇشنى باشلىدى ۋە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. \v 8 ئاسانىڭ قوشۇنى بار ئىدى؛ يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن سىپار ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ كىشىلىك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. \m \v 9 ئۇ چاغدا زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىي مىليون كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ يۈز جەڭ ھارۋىسىنى باشلاپ، \add ئاساغا\add* ھۇجۇم قوزغاپ مارەشاھغا كەلدى. \f □ \fr 14:9 \ft \+bd «ئېفىئوپىي»\+bd* ــ ياكى «ھەبەش» (بىر مىللەتنىڭ نامى). ئىبرانىي تىلىدا «كۇشىي».\f* \v 10 ئاسا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا ئاتلاندى؛ ئۇلار مارەشاھقا يېقىن زەفاتاھ جىلغىسىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارشى سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. \v 11 ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزگە ياردەم قىلغايسەن؛ چۈنكى بىز ساڭا تايىنىمىز ۋە سېنىڭ نامىڭدا بۇ زور قوشۇنغا قارشى ئاتلىنىپ چىقتۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن، ئىنسانلار سېنىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن! ــ دېدى.\f □ \fr 14:11 \ft \+bd «ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس»\+bd* ــ ياكى «كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە سېنىڭدىن بۆلەك ياردەمچى يوقتۇر».\f* \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاسا ۋە يەھۇدالار ئالدىدا ئېفىئوپىيلەرنى ئۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى، ئېفىئوپىيلەر قاچتى. \v 13 ئاسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى تاكى گەرارغىچە قوغلىدى؛ ئېفىئوپىيلەر شۇنداق يىقىتىلدىكى، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ تىرىك قالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئالدىدا كۇكۇم-تالقان قىلىندى. يەھۇدالار غايەت زور جەڭ غەنىمەتلىرىنى قولىغا ئېلىپ كەتتى. \v 14 ئۇلار يەنە گەرار ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردىن زور بىر قورقۇنچ مۇشۇ شەھەرلەردىكىلەرنى باسقانىدى. يەھۇدالار يەنە ھەممە شەھەرنى بىرنىمۇ قويماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، چۈنكى ئۇلاردا تولىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك بار ئىدى. \v 15 ئۇلار يەنە مال باققان چارۋىچىلارنىڭ چېدىر-قوتانلىرىغىمۇ زەرب قىلىپ، ناھايىتى كۆپ قوي ۋە تۆگىلەرنى ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. \b \b \m \c 15 \s1 ئازارىيا پەيغەمبەر ئاساغا ئاگاھ ۋە رىغبەت بېرىدۇ؛ ئاسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ \m \v 1 خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى. \v 2 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. \v 3 ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن-ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛ \v 4 لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. \v 5 ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ-كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى. \v 6 خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى. \v 7 لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ئىنئامى باردۇر، دېدى. \m \v 8 ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى. \f □ \fr 15:8 \ft \+bd «ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا...»\+bd* ــ ئىككى ئىمكانىيەت بار: (1) ئازارىيا ئاتىسى ئودەدنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلاتتى؛ (2) ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ئاساغا بېشارەت بەرگەنىدى. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز؛ چۈنكى تېكىستتە «بۇ گەپلەرنى ۋە... بېشارەتنى ئاڭلىدى» دېيىلىدۇ. \+bd «يىرگىنچلىك بۇتلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى».\f* \v 9 ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى). \v 10 ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى. \v 11 شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. \f □ \fr 15:11 \ft \+bd «شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرى...»\+bd* ــ 14:14-15نى كۆرۈڭ.\f* \v 12 ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛ \v 13 ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى. \f □ \fr 15:13 \ft \+bd «قېرى-ياش»\+bd* ــ ياكى «چوڭ-كىچىك».\f* \v 14 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى. \v 15 پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى. \f □ \fr 15:15 \ft \+bd «تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئىنتىزارلىقى بىلەن ئىزدىدى».\f* \v 16 ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.\f □ \fr 15:16 \ft \+bd «چوڭ ئانىسى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «ئانىسى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \+bd «خانىش مەرتىۋىسى»\+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مائاقاھ پادىشاھلىقتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى.\f*  \x + \xo 15:16 \xt 1پاد. 15‏:13\x* \m \v 17 «يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى \add پەرۋەردىگارغا\add* پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. \x + \xo 15:17 \xt 1پاد. 15‏:14\x* \v 18‏-19 ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى.\x + \xo 15:18‏-19 \xt 1پاد. 15‏:15\x* \b \b \m \c 16 \s1 ئاسانىڭ ئىشەنچ قىلمايدىغان يەرلىرى \r 1پاد. 15‏:16-24 \m \v 1 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز بەشىنچى يىلىغىچە ئۇرۇش بولۇپ باقمىدى. ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. \f □ \fr 16:1 \ft \+bd «16-باب»\+bd* ــ بىز 19:15نى 16-باب ئىچىگە كىرگۈزدۇق.\f* \v 2 ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردىن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى بەن-ھادادقا ئەۋەتىپ ۋە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ \v 3 «مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇن ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. \m \v 4 بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، ئابەل-مايىم، نافتالىدىكى بارلىق ئامبار شەھەرلىرىنى بېقىندۇردى. \v 5 بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى توختاتتى. \v 6 ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئۇ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. \m \v 7 ئۇ چاغدا، ئالدىن كۆرگۈچى ھانانى يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەمەس، بەلكى سۇرىيە پادىشاھىغا تايانغانلىقىڭ ئۈچۈن سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنى ئۆز قولۇڭدىن قۇتۇلدى. \v 8 ئېفىئوپىيلەر بىلەن لىۋىيەلىكلەر چوڭ بىر قوشۇن ئەمەسمىدى؟ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئەمەسمىدى؟ لېكىن سەن پەقەت پەرۋەردىگارغا تايانغاندا، ئۇ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرغانىدى. \v 9 چۈنكى پەرۋەردىگار كۆڭلى ماڭا تامامەن سادىق بولغانلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۆزۈمنى قۇدرەتلىك كۆرسىتەي دەپ، كۆزلىرىنى پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتىدۇ. سەن بۇ ئىشتا بەك ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشلاردىن خالاس بولالمايسەن، دېدى. \v 10 بۇنى ئاڭلاپلا ئاسا ئالدىن كۆرگۈچىگە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويدى؛ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قەھرى قايناپ كەتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا خەلقتىن بەزىلىرىگە زۇلۇم سېلىشقا باشلىغانىدى. \m \v 11 مانا، ئاسانىڭ قىلغان ئىشلىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 16:11 \ft \+bd «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «پادىشاھلار»دۇر.\f* \v 12 ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى؛ ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ ئاغرىغاندىمۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىدى، بەلكى پەقەت تېۋىپلاردىنلا ياردەم ئىزدىدى. \v 13 ئاسا سەلتەنىتىنىڭ قىرىق بىرىنچى يىلىدا ئۆلدى، ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. \v 14 خەلقلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزىگە ئاتاپ تەييارلىتىپ كولىغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەتتارلارنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تەڭشەلگەن ھەرتۈرلۈك دورا-دەرماندىن بولغان بىر ئارىلاشما پۈركەلگەن جىنازىغا ياتقۇزدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن خۇشبۇي ياندۇردى.\f □ \fr 16:14 \ft \+bd «ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن خۇشبۇي ياندۇردى»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ ھۆرمىتىدە چوڭ بىر گۈلخان ياندۇردى».\f* \b \b \m \c 17 \s1 يەھوشافات يەھۇداغا سەلتەنەت قىلىدۇ \m \v 1 ئوغلى يەھوشافات ئاسانىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەيتتى. \v 2 ئۇ ھەربىي كۈچلىرىنى يەھۇدانىڭ ھەممە قورغانلىق شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە ئاتىسى ئاسا ئىشغال قىلغان ئەفرائىمدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇداپىئە كۈچلىرىنى تۇرغۇزدى. \v 3 پەرۋەردىگار يەھوشافات بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى داۋۇتنىڭ باشتا يۈرگۈزگەن يوللىرىدا مېڭىپ بائال بۇتلىرىنى ئىزدىمىدى، \v 4 بەلكى ئاتىسىنىڭ خۇداسىنىلا ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە مېڭىپ، ئىسرائىللارنىڭ قىلمىشلىرىنى دورىمىدى. \v 5 شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۇنىڭغا سالام-سوۋغىلارنى سۇنۇپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. \v 6 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا ماڭغاچقا، غەيرەتلىك بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە ئاشەراھ بۇتلىرىنى يوقاتتى. \v 7 ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بەن-ھايىل، ئوبادىيا، زەكەرىيا، نەتانەل، مىكايالارنى يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى. \f □ \fr 17:7 \ft \+bd «مىكايالار»\+bd* ــ ياكى «مىكالار».\f* \v 8 ئۇلار بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە شېمايا، نەتانىيا، زەبادىيا، ئاساھەل، شەمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا قاتارلىق بىرقانچە لاۋىيلار، شۇنداقلا يەنە ئەلىشاما بىلەن يەھورام دېگەن ئىككى كاھىنمۇ بار ئىدى. \v 9 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى كىتابىنى ئالغاچ بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ خەلق ئارىسىدا تەلىم بېرەتتى. \m \v 10 يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى. \v 11 فىلىستىيلەردىن بەزىلىرى يەھوشافاتقا سوۋغا-سالاملار ۋە كۈمۈش ئولپانلىرىنى تاپشۇردى؛ ئەرەبلەرمۇ پادىلىرىدىن ئۇنىڭغا يەتتە مىڭ يەتتە يۈز قوچقار، يەتتە مىڭ يەتتە يۈز تېكە سوۋغا قىلدى. \v 12 يەھوشافات بارغانسېرى كارامەت قۇدرەت تېپىپ، يەھۇدادا بىرنەچچە قورغان ۋە ئامبار شەھىرى بىنا قىلدى. \v 13 ئۇ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا زاپىسى تەييارلىدى؛ يېرۇسالېمدىمۇ ئۇنىڭ زەبەردەس باتۇر جەڭچىلىرى بار ئىدى. \v 14 جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ \m يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛ \v 15 ئادناھنىڭ قول ئاستىدا يەھوھانان سەردار بولۇپ، ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ \f □ \fr 17:15 \ft \+bd «يەھوھانان»\+bd* ــ ياكى «يوھانان».\f* \v 16 يەھوھاناننىڭ قول ئاستىدا زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسىيا بار ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى. \v 17 بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدە ئېلىيادا دېگەن باتۇر بىر جەڭچى بولۇپ، ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ \v 18 ئېلىيادانىڭ قول ئاستىدا يەھوزاباد بولۇپ، جەڭگە تەييار قوشۇندىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى. \v 19 بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھازىر تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يەنە پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدىكى قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملىرى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئىدى.\f □ \fr 17:19 \ft \+bd «بۇلارنىڭ ھەممىسى»\+bd* ــ بەلكىم 14-18-ئايەتتىكى يولباشچىلار ۋە 18-ئايەتتىكى «جەڭگە تەييار تۇرىدىغانلار»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \b \m \c 18 \s1 يەھوشافات ئاھاب بىلەن ئىتتىپاقداش بولىدۇ \r 1پاد. 22‏:2-36 \m \v 1 يەھوشافاتنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى؛ ئۇ ئاھاب بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى. \v 2 بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئاھاب بىلەن كۆرۈشۈشكە سامارىيەگە باردى. ئاھاب بولسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئاتاپ نۇرغۇن كالا، قوي سويدى؛ ئاندىن ئۇ ئۇنى گىلېئادتىكى راموتقا بىللە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇناتتى. \v 3 ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتتىن: ــ ئۆزلىرى مېنىڭ بىلەن بىللە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر. مەن ئۆزلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا بارماي تۇرمايمەن، دەپ جاۋاپ بەردى. \f □ \fr 18:3 \ft \+bd «بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۆزۈم ساڭا ئوخشاش بولىمەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 4 لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. \m \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈز ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ بىز جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «چىققىن، خۇدا ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى.\f □ \fr 18:5 \ft \+bd «چىققىن، خۇدا ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ»\+bd* ــ يەھوشافات: ««ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كەلگەيلا» دەيدۇ (4-ئايەت). لېكىن «پەيغەمبەرلەر» «پەرۋەردىگار» (ئىبرانىي تىلىدا «يەھۋە، يەھوۋاھ») دېگەن نامنى ئىشلەتمەي، بەلكى «خۇدا» (ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم») دەپ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا يەھوشافات «پەيغەمبەرلەر»نىڭ بېشارەتلىرىدىن قاتتىق گۇمان قىلغان بولسا كېرەك. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 6 لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا يول سورىغۇدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. \m \v 7 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى دائىم بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. \m \v 8 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. \m \v 9 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. \v 10 كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. \v 11 ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. \m \v 12 مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. \m \v 13 ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. \m \v 14 ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر؛ چۈنكى \add دۈشمىنىڭلار\add* قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلىدۇ، دېدى. \f □ \fr 18:14 \ft \+bd «چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر؛ چۈنكى دۈشمىنىڭلار قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مىكايا بۇ سۆزنى كىنايىلىك، ھەجۋىي تەلەپپۇز بىلەن ئېيتىدۇ. چۈنكى پادىشاھ دەرھال ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \m \v 15 لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. \m \v 16 مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن» دېدى، ــ دېدى. \m \v 17 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. \m \v 18 مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. \v 19 پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ \v 20 شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، \v 21 ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. \m پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. \f □ \fr 18:21 \ft \+bd «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»\+bd* ــ بۇ ئايەتلەردىن بۇ روھنىڭ بىر يالغان سۆزلەيدىغان جىن ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ. خۇدانىڭ ئۆز روھى ياكى پەرىشتىلىرى ھېچقاچان يالغان سۆز قىلمايدۇ. دېمەك، خۇدا جىن-شەيتانلارغا ئاھاب پادىشاھنى ئالداشقا يول قويىدۇ.\f* \v 22 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا بىر يالغانچى روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. \m \v 23 شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. \m \v 24 مىكايا جاۋاب بېرىپ: ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى.\f □ \fr 18:24 \ft \+bd «ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنى»\+bd* ــ ياكى «ئۆيدىن ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنى».\f* \m \v 25 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، \v 26 ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ، نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دەڭلار، دەپ بۇيرۇدى. \m \v 27 مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. \m \v 28 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. \m \v 29 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىقسىلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. \m \v 30 سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. \m \v 31 ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ئولىشىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولدى؛ لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. خۇدا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى؛ \v 32 چۈنكى شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. \m \v 33 ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. \v 34 ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ كەچكىچە سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. كۈن پېتىشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. \b \b \m \c 19 \s1 يەھوشافات خۇدادىن ئاگاھ قوبۇل قىلىدۇ \m \v 1 يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات ئامان-ئېسەن يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى. \v 2 ئالدىن كۆرگۈچى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سېنىڭ رەزىللەرنىڭ ياردىمىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئۆچ بولغانلارنى سۆيگىنىڭ دۇرۇسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېشىڭغا چۈشىدىغان بولدى. \v 3 ھالبۇكى، سەن ئاشەراھ بۇتلىرىنى زېمىندىن يوقىتىپ تاشلىغىنىڭ ۋە خۇدانى ئىزدەشكە نىيەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىمۇ ياخشىلىق تېپىلدى، دېدى. \m \v 4 يەھوشافات يېرۇسالېمدا ئولتۇراتتى؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ، بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە سەپەر قىلىپ، خەلقنى توۋا قىلدۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ياندۇردى. \f □ \fr 19:4 \ft \+bd «بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە»\+bd* ــ بەئەر-شېبا يەھۇدا زېمىنىدىكى ئەڭ جەنۇبىي چېگرا، ئەفرائىم تاغلىقى بولسا شىمالىي چېگرا ئىدى.\f* \v 5 ئۇ يەنە يەھۇدا تەۋەسىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەردە سوراقچىلارنى تەيىنلىدى؛ \v 6 ئۇ سوراقچىلارغا: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلار ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۈچۈندۇر؛ سىلەر ھۆكۈم چىقارغىنىڭلاردا ئۇ چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. \v 7 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىمىسى كۆز ئالدىڭلاردا بولسۇن؛ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدا ناھەقلىق يوق، يۈز-خاتىر قىلىش يوق، پارا يېيىشمۇ يوقتۇر، دېدى. \m \v 8 يەھوشافات لاۋىيلاردىن، كاھىنلاردىن ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ باشلىرىدىن بەزىلەرنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش ۋە خەلقنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلىدى. \f □ \fr 19:8 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش»\+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىش». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، بەلكىم ئىبادەتخانىدىكى ئىشلارنى (يەنى، پۇقرالارغا ئائىت بولمىغان ئىشلارنى) كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 9 يەھوشافات ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىدا بولۇپ ساداقەتلىك بىلەن چىن كۆڭلۈڭلاردىن بېجىرىڭلار. \v 10 ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەرز-دەۋاسى، مەيلى ئۇ خۇن دەۋاسى بولسۇن، قانۇن-ئەمر ۋە ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋا بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز بېشىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھامان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. \v 11 پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق ئىشلاردا سىلەرنى باش كاھىن ئامارىيا باشقۇرىدۇ؛ پادىشاھقا دائىر ئىشلاردا، سىلەرنى يەھۇدا جەمەتىنىڭ يولباشچىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا باشقۇرىدۇ؛ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا تۇرىدىغان لاۋىيلار بار. جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلىرىڭلارنى قىلىڭلار ۋە پەرۋەردىگار ئىشنى دۇرۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بولىدۇ! ــ دېدى. \b \b \m \c 20 \s1 ئاجايىب بىر نۇسرەت \m \v 1 كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، موئابىيلار، ئاممونىيلار ۋە مائونىيلاردىن بەزىلىرى بىرلىشىپ كېلىپ يەھوشافاتقا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. \v 2 \add چاپارمەنلەر\add* كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ \add ئۆلۈك\add* دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). \v 3 بۇنى ئاڭلىغان يەھوشافات قورقۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە نىيەت باغلاپ، پۈتۈن يەھۇدا تەۋەسىدە «روزا تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىدى. \v 4 يەھۇدالار ئەمدى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىگىلى يىغىلدى؛ خەلق يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەشكە كېلىشتى. \v 5 يەھوشافات يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى جامائەت ئارىسىغا چىقىپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ \v 6 مۇنداق دۇئا قىلىپ: ــ \m «ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، سەن ئەرشتە تۇرغۇچى خۇدا، بارلىق ئەل-مەملىكەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى ئەمەسمىدىڭ؟ سېنىڭ قولۇڭ كۈچ-قۇدرەتكە تولغاندۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ. \v 7 ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىدىن قوغلاپ، ئۇنى ئۆز دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟ \v 8 ئۇلار شۇ يەردە تۇردى ھەم شۇ يەردە سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ بىر مۇقەددەسخانا سېلىپ: \v 9 «مۇبادا بېشىمىزغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، مەيلى ئۇ قىلىچ، جازا، ۋابا، ئاچارچىلىق بولسۇن، قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ ئۆي، يەنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ، ساڭا مۇراجىئەت قىلساق (چۈنكى سېنىڭ نامىڭ مۇشۇ ئۆيدىدۇر)، سەن ئاڭلايسەن ۋە قۇتقۇزىسەن» دېگەنىدى. \m \v 10 ئەمدى مانا، بۇ يەرگە ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەر بېسىپ كېلىۋاتىدۇ! ئىلگىرى ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققان چاغدا سەن ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويمىغانىدىڭ؛ ئۇ چاغدا ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقاتماي ئۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن. \v 11 ئەمدى قارا، ھازىر ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىمىزنى قانداق يول بىلەن قايتۇرماقچى بولۇۋاتقىنىغا! ئۇلار بىزنى سەن بىزگە مىراس قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. \v 12 ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ چۈنكى بىزنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىۋاتقان بۇ زور قوشۇن بىلەن قارشىلاشقۇدەك كۈچىمىز يوق؛ نېمە قىلىشىمىزنىمۇ بىلمەي قالدۇق؛ لېكىن بىزنىڭ كۆزىمىز ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا» ــ دېدى. \m \v 13 بۇ چاغدا پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، ئۇلارنىڭ قۇچاقتىكى بالىلىرى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. \v 14 ۋە شۇ پەيتتە پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان لاۋىيلاردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولغان ماتتانىيانىڭ چەۋرىسى، جەئىيەلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زەكەرىيانىڭ ئوغلى ياھازىيەلگە چۈشتى؛ \v 15 ئۇ: ــ ئى پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، سىلەر يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە پادىشاھ يەھوشافات، قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر بۇ زور قوشۇندىن قورقۇپ كەتمەڭلار ۋە ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ جەڭ سىلەرنىڭكى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر. \v 16 ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار؛ مانا، ئۇلار زىز داۋانىدىن چىقىپ كېلىدۇ ۋە سىلەر ئۇلارنى يەرۇئەل چۆلىنىڭ ئالدىدىكى جىلغا ئېغىزىدا ئۇچرىتىسىلەر. \v 17 سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى. \m \v 18 بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەھوشافات بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تىزلاندى ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى ھەم يېرۇسالېمدىكىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا دۈم يىقىلىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. \v 19 كوھات ئەۋلادى ۋە كوراھ ئەۋلادى ئىچىدىكى لاۋىيلاردىن بولغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەشتى. \m \v 20 پۈتۈن خەلق ئەتىسى قاق سەھەردە تۇرۇپ تەكوئا چۆلىگە قاراپ ئاتلاندى؛ ئۇلار ئاتلىنىپ كېتىۋاتقاندا، يەھوشافات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ ئى يەھۇدا خەلقى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار، چوقۇم مەزمۇت تۇرغۇزۇلىسىلەر؛ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، يولۇڭلار چوقۇم راۋان بولىدۇ! ــ دېدى. \m \v 21 ئاندىن ئۇ خەلق بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ غەزەل-كۈي ئېيتىدىغانلارنى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دەپ ئوقۇشقا تەيىنلەپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. \f □ \fr 20:21 \ft \+bd «مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ...»\+bd* ــ ياكى «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە مەدھىيىلەپ...». «زەب.» 2:29نى كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شاھانە كىيىملەرنى كىيگەن...».\f* \v 22 ئۇلار تەنتەنە قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇشى بىلەن، پەرۋەردىگار يەھۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا چىققان ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەرگە پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدۇردى. \f □ \fr 20:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگار ... پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتتى،...»\+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر (1) پەرۋەردىگار ئاممونىيلار قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى، دەپ كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 23 شۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار سېئىر تېغىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى، ئۇلارنى بىرىنى قويماي قىرىۋەتتى؛ ئۇلار سېئىر تېغىدىكىلەرنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرى بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقا چۈشكەنىدى. \v 24 يەھۇدالار چۆلدىكى كۆزەتگاھقا كېلىپ شۇ زور قوشۇن تەرەپكە قارىسا، مانا قېچىپ قۇتۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلاپ كەتكەنىدى. \f □ \fr 20:24 \ft \+bd «كۆزەتگاھ»\+bd* ــ ياكى «كۆزەت مۇنارى».\f* \v 25 يەھوشافات ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن دۈشمەندىن ئولجا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كەلگەندە، ئۇلار ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە كۆپ قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاپتى. ئۇلار سالدۇرۇۋالغانلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئېلىپ كىتەلمەي قالدى؛ ئولجا شۇنچە كۆپ بولغاچقا، ئۇنى يىغىۋېلىشقا ئۈچ كۈن كەتتى. \v 26 ئۇلار تۆتىنچى كۈنى بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى؛ شۇڭا ئۇ يەر تاكى بۈگۈنگە قەدەر «بەراكاھ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. \f □ \fr 20:26 \ft \+bd «...بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى..»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «بەراكاھ» دېگەننىڭ مەنىسى «مۇبارەكلەش» ياكى «بەخت-بەرىكەت تىلەش» دېگەن مەنىدە.\f* \v 27 ئاندىن بارلىق يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يەھوشافاتنىڭ باشلامچىلىقىدا خۇشال-خۇرام بولۇپ يېرۇسالېمغا قايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى. \v 28 ئۇلار يېرۇسالېمغا تەمبۇر، چىلتار ۋە كانايلار چېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. \v 29 بارلىق ئەل-مەملىكەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستى. \v 30 شۇنىڭ بىلەن يەھوشافاتنىڭ پادىشاھلىقى تىنچ-ئاسايىشلىقتا بولدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى تىنچ قىلغانىدى. \m \v 31 شۇنداق قىلىپ يەھوشافات يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. \x + \xo 20:31 \xt 1پاد. 22‏:41-51\x* \v 32 يەھوشافات قايماي ئاتىسى ئاسانىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. \v 33 پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خەلق تېخىچە كۆڭۈللىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىغا مايىل قىلمىغانىدى. \m \v 34 يەھوشافاتنىڭ قالغان ئىشلىرى بولسا، مانا باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»غا كىرگۈزۈلگەن «ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ بايان سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەندۇر.\f □ \fr 20:34 \ft \+bd «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»\+bd* ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى ئۇشبۇ «تارىخ-تەزكىرىلەر» ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، ئۇشبۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالغانىدى.\f* \m \v 35 بۇ ئىشلاردىن كېيىن يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات تولا رەزىل ئىشلارنى قىلغان ئىسرائىل پادىشاھى ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. \v 36 يەھوشافات تارشىشقا بارىدىغان كېمىلەرنى ياساشقا ئۇنىڭ بىلەن شىرىكلەشتى؛ شۇ كېمىلەرنى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ياساتتى. \v 37 ئۇ چاغدا مارەشاھلىق دوداۋاھۇنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر يەھوشافاتنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ: ــ ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنى بۇزۇۋېتىدۇ» دېدى. دەرۋەقە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ كېمىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تارشىشقا ماڭالمىدى. \b \b \m \c 21 \s1 يەھورام يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد. 8‏:16-24 \m \v 1 يەھوشافات ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى يەھورام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \m \v 2 \add يەھورامنىڭ\add* بىرنەچچە ئىنىسى، يەنى يەھوشافاتنىڭ ئازارىيا، يەھىيەل، زەكەرىيا، ئازارىياھۇ، مىكائىل ۋە شەفاتىيا دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. \f □ \fr 21:2 \ft \+bd «ئازارىياھۇ»\+bd* ــ ياكى «ئازارىيا».\f* \v 3 ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى، شۇنداقلا يەھۇدا زېمىنىدىكى بىرقانچە قورغانلىق شەھەرنى سوۋغا قىلدى؛ پەقەت پادىشاھلىقنى بولسا، يەھورام چوڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بەردى. \v 4 يەھورام ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئاندىن ئۇ بارلىق ئىنىلىرىنى، شۇنداقلا يەھۇدادىكى بىرقانچە ئەمەلدارلارنى قىلىچلاپ قەتل قىلدى. \m \v 5 يەھورام تەختكە ئولتۇرغىنىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 6 ئۇ ئاھاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ماڭغان يولدا ماڭدى، چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغانىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. \v 7 بىراق پەرۋەردىگار داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى سەۋەبلىك، داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بىر چىراغ قالدۇراي دەپ، ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ جەمەتىنى يوق قىلىپ تاشلاشنى خالىمىدى. \v 8 \add يەھورامنىڭ\add* سەلتەنىتىدىكى كۈنلەردە ئېدوملار يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تىكلىدى. \v 9 يەھورام، سەردارلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرى \add ئىئوردان دەرياسىدىن\add* ئۆتۈپ، كېچىدە قوزغىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى قورشىۋالغان ئېدومىيلارغا ۋە جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كەلدى. \v 10 ھالبۇكى، ئېدومىيلار شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن يەھۇداغا قارشى چىقىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ تۇردى. يەھورام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلىغىنى ئۈچۈن لىبناھلىقلارمۇ شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىن ئايرىلىپ چىقتى. \v 11 ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھورام يەنە يەھۇدانىڭ تاغلىرىدا «يۇقىرى جايلار»نى ياسىتىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى بۇزۇقچىلىققا پۇتلاشتۇردى، يەھۇدالارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردى.\f □ \fr 21:11 \ft \+bd «بۇزۇقچىلىققا پۇتلاشتۇردى...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بۇزۇقچىلىق» روھىي جەھەتتىن ئېيتىلىدۇ، دېمەك پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ بۇتلارغا چوقۇنۇپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، شۇ چاغدىكى بۇتپەرەسلىكنىڭ جىسمانىي جەھەتتىنمۇ بۇزۇقچىلىق ۋە پاھىشىۋازلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى.\f* \m \v 12 شۇ ۋاقىتلاردا ئىلىياس پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر مەكتۇپ يەھورامغا تەگدى، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلدى: «سېنىڭ بوۋاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاتاڭ يەھوشافاتنىڭ يوللىرىدا ماڭماي، شۇنىڭدەك يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭمۇ يوللىرىنى تۇتماي، \f □ \fr 21:12 \ft \+bd «... ئىلىياس پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر مەكتۇپ يەھورامغا تەگدى»\+bd* ــ بۇ مەكتۇپ يەھورامنىڭ قولىغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئىلىياس بەلكىم ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 13 بەلكى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى خۇددى ئاھاب جەمەتىدىكىلەر بۇزۇقچىلىقلار قىلغاندەك بۇزۇقچىلىقلارغا پۇتلاشتۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى، يەنى ئۆزۈڭدىن ياخشى بولغان ئىنىلىرىڭنى قەتل قىلغىنىڭ ئۈچۈن، \v 14 پەرۋەردىگار سېنىڭ خەلقىڭنى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىڭنى ۋە بارلىق مال-مۈلكۈڭگە ئالامەت زور زەرب بىلەن ئۇرىدۇ. \v 15 ئۇ سېنىمۇ ئېغىر ۋابالار بىلەن ئۇرۇپ، ئۈچەي-باغرىڭنى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇكى، كېسىلىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئۈچەيلىرىڭ ئېقىپ چىقىدۇ»» دېيىلگەنىدى. \m \v 16 كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئېفىئوپىيلەرنىڭ يېنىدىكى ئەرەبلەرنىڭ روھىنى يەھورامغا قارشى قوزغاتتى. \v 17 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەھۇدا زېمىنىغا زەرب قىلىپ بېسىپ ئۆتتى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن خوتۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار كەنجى ئوغلى يەھوئاھازدىن بۆلەك ئوغۇللىرىدىن بىرىنىمۇ قالدۇرمىدى. \v 18 بۇ ۋەقەدىن كېيىن پەرۋەردىگار يەھورامنى ئۇرۇپ، ئۈچەيلىرىنى ساقايماس ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. \v 19 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈشكە ئاز قالغاندا، كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۈچەيلىرى تېشىلىپ چۈشتى، ئۇ تولىمۇ ئازابلىنىپ ئۆلدى؛ ئۇنىڭ خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىنى ئىززەتلەپ ئۇلارغا خۇشبۇي ياققاندەك، ئۇنىڭغا ھېچقانداق خۇشبۇي يېقىپ ئولتۇرمىدى. \v 20 يەھورام تەختكە چىققان چېغىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى ۋە ئۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھېچكىم ئۇنىڭغا قايغۇ-ھەسرەت چەكمىدى. خالايىق ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى، لېكىن پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. \b \b \m \c 22 \s1 ئاھازىيا يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد. 8‏:25-29؛ 9‏:27-29 \m \v 1 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋتقانلار يەھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاھازىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى؛ چۈنكى ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار ئاھازىيانىڭ ئاكىلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا سەلتەنەت قىلدى. \f □ \fr 22:1 \ft \+bd «ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بارگاھ» بەلكىم يەھۇدادىكىلەر ئەرەبلەر بىلەن قارشىلىشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن دالادا تىككەن ھەربىي بارگاھنى كۆرسىتىدۇ. بەزى تەرجىمانلار «شەھەر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.\f* \v 2 ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا بولۇپ، ئومرىنىڭ \add نەۋرە\add* قىزى ئىدى. \f □ \fr 22:2 \ft \+bd «ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى»\+bd* ــ كۆپ كونا كۆچۈرمىلەردە «...قىرىق ئىككى ياشتا ئىدى» دېيىلىدۇ. بۇ قېتىم بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەر ۋە تەرجىمە نۇسقىسىغا ۋە «2پاد.» 26:8گە ئاساسەن «يىگىرمە ئىككى ياش» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f* \v 3 ئاھازىيامۇ ئاھاب جەمەتىنىڭ يوللىرىغا ماڭدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى رەزىللىككە ئۈندەيتتى. \v 4 ئۇ ئاھاب جەمەتى قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاھاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان رەزىل نەسىھەتلەرنى بېرەتتى. \v 5 ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىل پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام بىلەن بىرلىكتە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىپ سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشتى؛ شۇ چاغدا سۇرىيلەر يەھورامنى زەخىملەندۈردى. \v 6 ئاندىن يەھورام راماھدا سۇرىيە پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان چاغدىكى جاراھەتلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە قايتتى. ئاندىن يەھورامنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگە باردى. \v 7 ھالبۇكى، ئاھازىيانىڭ يەھورامنى يوقلىغىلى بارغىنى دەل ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، خۇدا بېكىتكەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇ بارغاندىن كېيىن يەھورام بىلەن بىرلىكتە نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇغا قارشى سوقۇشۇشقا چىقتى. مۇشۇ يەھۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانىدى. \v 8 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇ خۇدا بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئاھاب جەمەتىنىڭ ئۈستىگە يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ يەھۇدادىكى ئەمەلدارلارنى ۋە ئاھازىيانىڭ خىزمىتىدە بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. \v 9 يەھۇ ئاھازىيانىمۇ ئىزدىدى؛ كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋالدى (ئۇ سامارىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى). ئۇلار ئۇنى يەھۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر: «بۇ دېگەن پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزدىگەن يەھوشافاتنىڭ نەۋرىسىدۇر» دېگەنىدى. ئاھازىيانىڭ جەمەتىدە پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغۇدەك بىرەر ئادەم قالمىدى. \b \m \s1 خانىش ئاتالىيا يەھۇدا ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد. 11‏:1-3 \m \v 10 ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، يەھۇدا جەمەتىدىكى بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. \v 11 لېكىن پادىشاھنىڭ قىزى يەھوشېبىيات ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ يەھورامنىڭ قىزى، (يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى)، \add باش\add* كاھىن يەھۇيادانىڭ خوتۇنى يەھوشېبىيات يوئاشنى ئاتالىيا ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قويدى. \f □ \fr 22:11 \ft \+bd «يەھوشېبىيات»\+bd* ــ ياكى «يەھوشېبا».\f* \v 12 ئاندىن كېيىن يوئاش ئۇلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى؛ ئۇ چاغدا ئاتالىيا يەھۇدا زېمىنىدا سەلتەنەت قىلاتتى. \b \b \m \c 23 \m \v 1 يەتتىنچى يىلى، يەھويادا جاسارەتكە كېلىپ، يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارىيا، يەھوھاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبەدنىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېياھ ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىشافات قاتارلىق بىرقانچە يۈزبېشىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. \f □ \fr 23:1 \ft \+bd «يەھويادا جاسارەتكە كېلىپ...»\+bd* ــ ياكى «يەھويادا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ...»\f*  \x + \xo 23:1 \xt 2پاد. 11‏:4-20\x* \v 2 ئۇلار يەھۇدا زېمىنىنى ئارىلاپ، يەھۇدادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە ئىسرائىلدىكى چوڭ يولباشچىلارنى يىغدى؛ ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى. \v 3 پۈتكۈل جامائەت خۇدانىڭ ئۆيىدە پادىشاھ بىلەن ئەھدىلەشتى. يەھويادا ئۇلارغا: ــ پادىشاھنىڭ ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق ۋەدە قىلغىنىدەك چوقۇم سەلتەنەت قىلىدۇ. \v 4 مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەرقايسى دەرۋازىلارنى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ \v 5 ئۈچتىن بىرى پادىشاھ ئوردىسىنى، ئۈچتىن بىرى «ئۇل دەرۋازىسى»نى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. \v 6 لېكىن كاھىنلار ھەم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لاۋىيلاردىن بۆلەك ھېچكىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزمىسۇن (كاھىن-لاۋىيلار پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغاچقا كىرىشىگە بولىدۇ). باشقا خەلقنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگار ئۆزىگە بېكىتكەن جايلارنى كۆزەت قىلسۇن. \v 7 لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى قولىغا قوراللىرىنى ئېلىپ پادىشاھنى ئوراپ تۇرسۇن؛ ئۆز مەيلىچە مۇقەددەس ئۆيگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ھەركىم ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر پادىشاھ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار، ــ دېدى.\x + \xo 23:7 \xt ۋەھ. 14‏:1، 4، 5\x* \m \v 8 لاۋىيلار بىلەن يەھۇدالارنىڭ ھەممىسى كاھىن يەھويادانىڭ بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى. لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى شابات كۈنى نۆۋەتچىلىككە كىرگەن ۋە نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەرنى ئۆز يېنىدا قالدۇرۇپ قالدى؛ چۈنكى كاھىن يەھويادا ھېچكىمنى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشۈشكە قويمىدى. \v 9 ئاندىن يەھويادا كاھىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقان-سىپارلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. \v 10 ئۇ يەنە كۆپچىلىكنى، ھەربىرى قولىغا ئۆز نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە، قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. \v 11 ئاندىن ئۇلار شاھزادىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلدى؛ يەھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى \add خۇشبۇي ماي بىلەن\add* ئۇنى مەسىھ قىلدى ۋە «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. \m \v 12 ئاتالىيا خەلقلەرنىڭ چېپىشىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە پادىشاھنى تەرىپلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. \v 13 ئۇ قارىسا، مانا پادىشاھ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى، بارلىق يۇرتنىڭ خەلقى شادلىنىپ كاناي چېلىشاتتى، نەغمىچىلەر ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، جامائەتنى باشلاپ مەدھىيە ئوقۇتۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. \m \v 14 ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدە ئۆلتۈرمەڭلار، دەپ ئېيتقانىدى. \m \v 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ئۇ ئوردىنىڭ «ئات دەرۋازىسى» بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگەندە \add لەشكەرلەر\add* ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.\f □ \fr 23:15 \ft \+bd «...ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى»\+bd* ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنى قولغا ئالدى».\f* \m \v 16 يەھويادا، پۈتكۈل جامائەت ۋە پادىشاھ بىرلىكتە: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دېگەن بىر ئەھدىنى تۈزۈشتى. \v 17 ئاندىن بارلىق خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. \m \v 18 ئاندىن كېيىن يەھويادا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. كاھىنلارنى بولسا، ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا نۆۋەت بىلەن قاراشقا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا داۋۇت تەيىنلىگەنىدى. ئۇلار قۇربانلىقلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە نەغمە-ناۋا ئوقۇغان ھالدا مۇساغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك سۇنۇشقا مەسئۇل ئىدى. \v 19 \add يەھويادا\add* يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھەرقايسى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تەيىنلىدىكى، ھەرقانداق ئىشلاردىن ناپاك قىلىنغان ئادەملەر كىرگۈزۈلمەيتتى. \v 20 ئۇ يەنە يۈزبېشىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلار ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى باشلاپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، «يۇقىرىقى دەرۋازا» ئارقىلىق ئوردىغا ئەكىرىپ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. \m \v 21 يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. \b \b \m \c 24 \s1 يوئاش ــ يەنى يەھوئاش ــ يەھۇداغا سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 12‏:1-22 \m \v 1 يوئاش تەختكە چىققان چېغىدا يەتتە ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىياھ بولۇپ، بەئەر-شېبالىق ئىدى. \f □ \fr 24:1 \ft \+bd «يوئاش»\+bd* ــ «يەھوئاش»نىڭ باشقا شەكلى.\f* \v 2 يەھويادا كاھىن ھايات كۈنلىرىدە يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. \f □ \fr 24:2 \ft \+bd «يەھويادا ... ھايات كۈنلىرىدە يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى»\+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا، يوئاش يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتتى؛ ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولدى («2تار.» 17:24-27نى كۆرۈڭ).\f* \v 3 يەھويادا ئۇنىڭغا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى، ئۇ بىرقانچە ئوغۇل-قىز پەرزەنت كۆردى. \m \v 4 شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قايتا ياسىتىش نىيىتىگە كەلدى، \v 5 ئۇ كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدا شەھەرلىرىگە بېرىپ، بارلىق ئىسرائىللاردىن يىللىق ئىئانە توپلاڭلار؛ بۇ ئىشنى تېزدىن بېجىرىڭلار! ــ دېدى. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى بېجىرىشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدى. \f □ \fr 24:5 \ft \+bd «خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ....، بارلىق ئىسرائىللاردىن يىللىق ئىئانە توپلاڭلار»\+bd* ــ ياكى «ھەر يىلى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىش ئۈچۈن... بارلىق ئىسرائىللاردىن ئىئانە توپلاڭلار».\f* \v 6 بۇنى ئۇققان پادىشاھ باش كاھىن يەھويادانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزلىرى نېمىشقا لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ئۈچۈن بەلگىلىگەن باجنى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىن ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇمىدىلا؟ ــ دېدى \f □ \fr 24:6 \ft \+bd «خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر»\+bd* ــ ياكى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ «ئىبادەت چېدىرى»نىڭ باشقا بىر ئاتالغۇسى. \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ... خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ئۈچۈن بەلگىلىگەن باج...»\+bd* ــ مۇسانىڭ بۇ بۇيرۇقى توغرۇلۇق «مىس.» 11:30-16نى كۆرۈڭ.\f* \v 7 (چۈنكى ئەسلىدە رەزىل خوتۇن ئاتالىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇدانىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ بائال بۇتلىرىغا ئاتاپ تەقدىم قىلىۋەتكەنىدى). \m \v 8 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا قويغۇزدى؛ \v 9 ئاندىن: «خۇدانىڭ قۇلى مۇسا چۆلدە ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە بېكىتكەن باجنى يىغىپ ئەكىلىپ پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار» دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم تەۋەسىدە چىقىرىلدى. \v 10 بارلىق ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق خۇشال ھالدا باجنى ئەكىلىپ ساندۇق تولغۇچە ئۇنىڭغا تاشلىدى. \v 11 لاۋىيلار پۇل ساندۇقىنى پادىشاھ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، ئۇلار باج پۇلىنىڭ كۆپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئاندىن پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىننىڭ ئادىمى كېلىپ پۇل ساندۇقىنى ئۆڭتۈرۈپ قۇرۇقدىغاندىن كېيىن، يەنە ئەسلى ئورنىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ھەركۈنى شۇنداق بولۇپ تۇردى؛ ناھايىتى كۆپ پۇل يىغىلدى. \v 12 پادىشاھ بىلەن يەھويادا پۇلنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىش بېجىرگۈچىلەرگە تاپشۇردى؛ ئۇلار \add بۇنىڭ بىلەن\add* پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارنى، تۆمۈرچىلەر بىلەن مىسكەرلەرنى ياللىدى. \v 13 ئىشلەمچىلەر توختىماي ئىشلىدى، ئوڭشاش ئىشى ئۇلارنىڭ قولىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم-لاھىيەسى بويىچە ياسىدى، شۇنداقلا ئۇنى تولىمۇ پۇختا قىلىپ ياساپ چىقتى. \v 14 ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى پادىشاھ بىلەن يەھويادانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاپشۇردى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ھەرخىل ئەسۋاب-بۇيۇملارنى، جۈملىدىن ئىبادەت خىزمىتىدىكى ھەرخىل بۇيۇملار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قاچا-قۇچا، قازان-تەخسىلەر ۋە ھەرخىل ئالتۇن-كۈمۈش باشقا بۇيۇملارنى ياساتتى. يەھويادانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى دائىم سۇنۇپ تۇردى. \m \v 15 يەھويادا قېرىپ، ياشايدىغان يېشى توشۇپ ئۆلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بىر يۈز ئوتتۇز ياشتا ئىدى. \v 16 ئۇلار ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە پادىشاھلار قاتارىدا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىلغا ھەم خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنىدى. \v 17 يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن يەھۇدادىكى يولباشچىلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئۇلار كۆرسەتكەن مەسلىھەتنى ماقۇل كۆردى. \v 18 ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشەراھ ۋە بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھى سەۋەبلىك خۇدانىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلدى. \v 19 شۇنداق بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆزىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ بۇ پەيغەمبەرلەر گەرچە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى. \v 20 ئۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى زەكەرىياغا چۈشتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ سىلەر ھېچ راۋاجلىق كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار ۋە ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كەچتى»، ــ دېدى. \m \v 21 خالايىق \add زەكەرىيانى\add* ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. \v 22 پادىشاھ يوئاش زەكەرىيانىڭ ئاتىسى يەھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ياد ئەتمەك تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. زەكەرىيا جان ئۈزۈش ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى نەزىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالسۇن! ــ دېدى. \m \v 23 شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سۇرىيەنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يەھۇداغا ۋە يېرۇسالېمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالغان پۈتۈن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى دەمەشق پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. \v 24 دەرۋەقە سۇرىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەھۇدالار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار چوڭ بىر قوشۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار يوئاشقا جازا ئىجرا قىلدى. \v 25 سۇرىيلەر يوئاشنى تاشلاپ كەتكەن چاغدا (چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى) ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك دەپ ئۇنى قەستلىدى؛ ئۇلار ئۇنى كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆلدى؛ كىشىلەر ئۇنى داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلغىنى بىلەن، بىراق پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. \f □ \fr 24:25 \ft \+bd «چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى ئېغىر كېسەلگە چۈشكەنىدى». بەزى تەرجىمانلار «چۈنكى ئۇ ئېغىر يارىلاندى» دەپ تەرجىمە قىلغىنى بىلەن، ئىبرانىي تېكىستتە ئېغىر بىر كېسەل كۆرسىتىلىدۇ. \+bd «كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى»\+bd* ــ ياكى «كاھىن يەھويادانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنى».\f* \v 26 ئۇنى قەستلىگەنلەر مۇنۇلار: ــ ئاممونىي ئايال شىمىياتنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن موئابىي ئايال سىمرىتنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئىدى. \m \v 27 يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇنىڭغا قارىتىلغان قاتتىق ۋە نۇرغۇن ئاگاھ بېشارەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىباشتىن سېلىشقا دائىر ئىشلىرى «پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئىزاھلىرىغا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.\f □ \fr 24:27 \ft \+bd «پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرى»\+bd* ــ تەۋراتتىكى «پادىشاھلار» دېگەن كىتاب ئەمەس. چۈنكى تىلغا ئېلىنغان تەپسىلاتلار شۇ كىتابتا تېپىلمايدۇ.\f* \b \b \m \c 25 \s1 ئامازىيا يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد. 14‏:1-22 \m \v 1 ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. \v 2 ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى. \v 3 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. \v 4 لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. \m \v 5 ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى. \v 6 ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى.\f □ \fr 25:6 \ft \+bd «بىر يۈز تالانت كۈمۈش»\+bd* ــ 100 تالانت كۈمۈش بەلكىم 3400 كىلوگرام كۈمۈش بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 7 لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس. \v 8 ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى. \m \v 9 ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى. \b \m \v 10 شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. \v 11 ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى. \f □ \fr 25:11 \ft \+bd «ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ...»\+bd* ــ ياكى «ئامازىيا ئۆزىنى كۈچەيتىپ،...». \+bd «سېئىر»\+bd* ــ ئېدومنىڭ ئىككىنچى ئىسمى.\f* \v 12 يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە-پارە قىلىنىپ تاشلاندى. \v 13 ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت-ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى. \m \v 14 لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى. \f □ \fr 25:14 \ft \+bd «...ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى»\+bd* ــ ياكى «...ئۇلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى».\f* \v 15 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى. \v 16 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى-دە، يەنە: ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى. \m \v 17 شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، \add جەڭ مەيدانىدا\add* يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. \m \v 18 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. \m \v 19 سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟».\f □ \fr 25:19 \ft \+bd «سەن دەرۋەقە ... يايراپ كەتتىڭ. ... نېمىشقا ... ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟»\+bd* ــ يەھوئاش ئېيتقان تەمسىلنىڭ ئومۇمىي مەنىسى: «سەن پەقەت بىر تىكەندۇرسەن، ئۆزۈم كېدىردەك ئۇلۇغ ئادەممەن، ئۆزۈڭگە ئۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتمە. سېنىڭ ئۇلۇغ پىلانىڭ ھەرتۈرلۈك تاسادىپىيلىقتىن مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك. گەرچە يەھوئاش پادىشاھنى «بۇتپەرەس كاپىر» دەپ ھېسابلىغىلى بولسىمۇ، مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ نەسىھەتى توغرا ئىدى.\f* \m \v 20 ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى \add يوئاشنىڭ\add* قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. \v 21 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت-شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. \v 22 يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. \m \v 23 ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى.\f □ \fr 25:23 \ft \+bd «يەھوئاھاز»\+bd* ــ «ئاھازىيا»نىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى. بۇ يەھوئاھاز (ئاھازىيا) يەھۇدا پادىشاھى، 25-ئايەتتىكى «يەھوئاھاز» ئەمەس. \+bd «تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكى..»\+bd* ــ تەۋراتتا «گەز» (ياكى «جەينەك») قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى، يەنى 0.454 مېتر ئۇزۇنلۇق ئىدى.\f* \m \v 24 ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد-ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. \v 25 ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.\f □ \fr 25:25 \ft \+bd «ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، ... ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى»\+bd* ــ 23-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 26 ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟\f □ \fr 25:26 \ft \+bd «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «پادىشاھلار»دۇر.\f* \m \v 27 ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. \m \v 28 ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. \f □ \fr 25:28 \ft \+bd «يەھۇدانىڭ شەھىرى»\+bd* ــ بەلكىم «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نى كۆرسىتىدۇ. «2پاد.» 20:14نى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 26 \s1 ئۇززىيا يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد. 15‏:1-7 \m \v 1 يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىركەن ئوغلى ئۇززىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى \f □ \fr 26:1 \ft \+bd «ئۇززىيا»\+bd* ــ باشقا شەكلى «ئاھازىيا». «2پاد.» 21:14نى كۆرۈڭ.\f* \v 2 (پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى).\f □ \fr 26:2 \ft \+bd «پادىشاھ ... ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى»\+bd* ــ ياكى «ئاتىسى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى ياساپ يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلدى».\f* \m \v 3 ئۇززىيا تەختكە چىققان چېغىدا ئون ئالتە ياش ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا جەمئىي ئەللىك ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. \v 4 ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. \m \v 5 خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى. \v 6 ئۇ چىقىپ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە گاتنىڭ سېپىلىنى، جابنەھنىڭ سېپىلىنى ۋە ئاشدودنىڭ سېپىلىنى چاقتۇرۇۋەتتى. يەنە ئاشدود ئەتراپىدا، شۇنداقلا فىلىستىيلەر ئارىسىدا بىرنەچچە شەھەر بەرپا قىلدى. \v 7 خۇدا ئۇنىڭ فىلىستىيلەر ۋە گۇر-بائالدا تۇرۇۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن مائونلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەردى. \v 8 ئاممونىيلار ئۇززىياغا ئولپان تۆلىدى؛ ئۇززىيا تولىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، نام-شۆھرىتى تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە تارقالدى. \v 9 ئۇززىيا يېرۇسالېمدىكى «بۇرجەك دەرۋازىسى»دا، «جىلغا دەرۋازىسى»دا ۋە سېپىلنىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە مۇنارلار سالدى ۋە ئۇلارنى ئاجايىپ مۇستەھكەم قىلدى. \v 10 ئۇ يەنە چۆللەردە بىرمۇنچە كۆزەت مۇنارلىرىنى سالغۇزدى ۋە كۆپ قۇدۇقلارنى كولاتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئېگىزلىكتە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىدى؛ ئۇ يەنە تېرىقچىلىققا ئامراق بولغاچقا، تاغلاردا ۋە ئېتىز-باغلاردا \add نۇرغۇن\add* باغۋەنلەرنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتتى.\f □ \fr 26:10 \ft \+bd «ئېتىز-باغلاردا...»\+bd* ــ ياكى «كارمەلدە...». ئەمما كارمەل شىمالىي پادىشاھلىقتا.\f* \m \v 11 ئۇززىيانىڭ يەنە ئۇرۇشقا ماھىر قوشۇنى بار ئىدى. قوشۇن كاتىپ جەئىيەل ۋە ئەمەلدار مائاسېياھ ئېنىقلىغان سانغا ئاساسەن قىسىم-قىسىملار بويىچە بۆلۈنۈپ، پادىشاھنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولغان ھانانىيانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا سەپ بولۇپ جەڭگە چىقاتتى. \v 12 بۇ باتۇر جەڭچىلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. \v 13 ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى قوشۇن جەمئىي ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ بەش يۈز بولۇپ، ھەممىسى ئىشتا قابىل، جەڭدە ماھىر ئىدى، ئۇلار پادىشاھقا ياردەملىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايتتى. \v 14 ئۇززىيا پۈتكۈل قوشۇنىدىكى لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دوبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغىلار بىلەنمۇ قوراللاندۇرغانىدى. \v 15 ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا ئۇستىلار ئىجاد قىلغان ئوق بېشى ۋە يوغان تاشلارنى ئاتقۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ياسىتىپ، ئۇلارنى سېپىل مۇنارلىرىغا ۋە بۇرجەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى يىراق-يىراقلارغا كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ ئالامەت ياردەملەرگە ئېرىشكەچكە، كارامەت قۇدرەت تاپقانىدى. \m \v 16 لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. \v 17 كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛ \v 18 ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ: ــ ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى. \m \v 19 ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى. \v 20 باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى. \v 21 پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى. \f □ \fr 26:21 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى»\+bd* ــ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار «ناپاك» دەپ ھېسابلىنىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايتتى.\f* \v 22 ئۇززىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى بولسا باشتىن ئاخىرىغىچە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغاندۇر. \v 23 ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر: ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە \add چەترەك\add* بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \b \b \m \c 27 \s1 يوتام يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد.15‏:32-38 \m \v 1 يوتام تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا بولۇپ، زادوكنىڭ قىزى ئىدى. \v 2 ئۇ ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى (لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسخانىسىغا كىرمىدى). لېكىن خەلق يەنىلا بۇزۇق ئىشلارنى قىلىۋەردى. \m \v 3 پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى دەرۋازىسىنى ياساتقۇچى يوتام ئىدى؛ ئۇ يەنە ئوفەلدىكى سېپىلدىمۇ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى قىلدى. \f □ \fr 27:3 \ft \+bd «ئوفەل»\+bd* ــ كونا يېرۇسالېمدىكى بىر قىسىم ئېگىز رايون ئىدى.\f* \v 4 ئۇ يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدا شەھەرلەرنى بىنا قىلدى، ئورمانلىقلاردىمۇ قەلئە-قورغانلار ۋە كۆزەت مۇنارلىرىنى ياساتتى. \v 5 ئۇ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ شۇ يىلى ئاممونىيلار ئۇنىڭغا ئۈچ تالانت كۈمۈش، مىڭ توننا بۇغداي، مىڭ توننا ئارپا ئولپان بەردى؛ ئاممونىيلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىلىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئولپان ئېلىپ كەلدى. \f □ \fr 27:5 \ft \+bd «ئۈچ تالانت كۈمۈش»\+bd* ــ بەلكىم 3400 كىلوگرام كۈمۈش ئىدى. \+bd «مىڭ توننا بۇغداي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئون مىڭ كور». بىر «كور» 220 لىتر بولۇشى مۇمكىن. \+bd «مىڭ توننا ئارپا»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئون مىڭ كور». بىر «كور» 220 لىتر بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 6 يوتام خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا يوللىرىنى توغرا قىلغىنى ئۈچۈن قۇدرەت تاپتى. \m \v 7 يوتامنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن قىلغان جەڭلىرى ۋە تۇتقان يوللىرىنىڭ ھەممىسى مانا «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 27:7 \ft \+bd «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»\+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «پادىشاھلار»دۇر.\f* \v 8 ئۇ تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 9 يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ئاھاز ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \b \b \m \c 28 \s1 ئاھاز يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ \r 2پاد. 16‏:1-20 \m \v 1 ئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلماي، \v 2 بەلكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ ماڭدى؛ ئۇ ھەتتا بائاللارغا ئاتاپ مەبۇدلارنى قۇيدۇردى؛ \v 3 پەرۋەردىگار ئىسرائىللار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىنى دوراپ، ھىننوم جىلغىسىدا كۈجە كۆيدۈردى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى؛ \f □ \fr 28:3 \ft \+bd «ھىننوم جىلغىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گە-ھىننوم»، ئەرەب تىلىدا «جەھەننەم». بۇ يىرگىنچلىك جاي توغرۇلۇق «يەر.» 31:7-32نى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. \+bd «كۈجە كۆيدۈردى»\+bd* ــ ياكى «قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى». \+bd «پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى»\+bd* ــ بەلكىم ئاھازنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىنسان قۇربانلىقى قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 4 يەنە «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەرقايسى كۆكەرگەن دەرەخ ئاستىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى ۋە كۈجە كۆيدۈردى. \v 5 شۇڭا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنى سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ سۇرىيلەر ئۇنى تارمار كەلتۈرۈپ، يەھۇدادىن نۇرغۇن خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. خۇدا يەنە ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىل پادىشاھى \add يەھۇدادا\add* چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. \v 6 رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يەھۇدادا بىر كۈن ئىچىدە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنىدى. \v 7 زىكرى ئىسىملىك بىر ئەفرائىمىي ئەزىمەت بار ئىدى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسىياھانى، ئوردىنىڭ باش غوجىدارى ئازرىكام ۋە پادىشاھنىڭ باش ۋەزىرى ئەلكاناھنى قەتل قىلدى. \v 8 ئىسرائىللار ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز مىڭ ئايال، ئوغۇل-قىز بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار يەنە يەھۇدادىن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سامارىيەگە ئەكەتتى. \m \v 9 لېكىن ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئودەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى؛ ئۇ سامارىيەگە قايتىپ كەلگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى ئاچچىقىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇردى ۋە سىلەر پەلەككە يەتكەن قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار. \v 10 ئەمدى سىلەر يەنە يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېملىقلارنى مەجبۇرىي ئۆزۈڭلارغا قۇل-دىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ-ئىتائەتسىزلىكلەر ئۆتكۈزدۇڭلارغۇ؟ \v 11 ئەمدى گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! قېرىنداشلىرىڭلاردىن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىملارنىڭ بىرقانچە يولباشچىلىرى، يەنى يوھاناننىڭ ئوغلى ئازارىيا، مەشىللىموتنىڭ ئوغلى بەرەكىيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا ۋە ھادلاينىڭ ئوغلى ئاماسا قوزغىلىپ چىقىپ جەڭدىن قايتىپ كەلگەن قوشۇننى توسۇۋېلىپ \v 13 ئۇلارغا: ــ بۇ تۇتقۇنلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ؛ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھىمىز تۇرۇپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇناھلار ۋە ئىتائەتسىزلىكلەرنى ئاينىتماقچىمۇسىلەر؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز ھېلىمۇ ئىنتايىن ئېغىردۇر، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئوتلۇق قەھر-غەزەپ چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. \m \v 14 شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر تۇتقۇنلار بىلەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى يولباشچىلار ۋە پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا قالدۇرۇپ قويدى. \v 15 يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر قوزغىلىپ، تۇتقۇنلارنى باشلاپ چىقتى، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ تۇرغانلارغا كىيگۈزۈپ، ھەممىسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن غىزالاندۇردى، ئۈستىباشلىرىنى مايلىدى، بارلىق ئاجىزلارنى ئېشەكلەرگە مىندۈرۈپ، ھەممىسىنى «خورما دەرەخلىرى شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان يېرىخوغا، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن سامارىيەگە قايتتى. \m \v 16 بۇ چاغدا ئاھاز پادىشاھ ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم تىلەپ ئادەم ئەۋەتتى، \v 17 چۈنكى ئېدومىيلار يەنە يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنىدى. \v 18 فىلىستىيلەرمۇ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى ۋە يەھۇدانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بەيت-شەمەش، ئايجالون، گەدەروت، سوكوھ ۋە سوكوھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، تىمناھ ۋە تىمناھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، گىمزو ۋە گىمزوغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەرلەرگە جايلاشقانىدى. \v 19 پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھاز تۈپەيلىدىن يەھۇدانى خورلۇققا قالدۇردى؛ چۈنكى ئاھاز يەھۇدانى ئىتائەتسىلىككە ئېزىقتۇردى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئېغىر ئاسىيلىق قىلدى. \v 20 ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلنەسەر دەرۋەقە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، لېكىن ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈردى. \v 21 چۈنكى ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىن كۆپ مال-دۇنيانى چىقىرىپ، ئاسۇرىيە پادىشاھىغا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ پايدىسى بولمىدى. \v 22 مۇشۇنداق ئىنتايىن مۈشكۈل پەيتتە بۇ پادىشاھ ئاھاز پەرۋەردىگار ئالدىدا تېخىمۇ ئېغىر قەبىھلىككە چۆكۈپ كەتتى. \v 23 ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرىغا قۇربانلىق سۇندى، چۈنكى ئۇ: «سۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا قۇربانلىق سۇنۇپ، ئۇلارنى ماڭىمۇ ياردەم بېرىدىغان قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئەكسىچە بۇ بۇتلار ئۇنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. \f □ \fr 28:23 \ft \+bd «ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرى»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ئاھازنىڭ ئويلىرى، ئەلۋەتتە؛ لېكىن مەلۇم تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇتپەرەسلىكى ئۇنى ھەقىقەتەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقانىدى.\f* \v 24 ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئەسۋاب-بۇيۇملارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كېسىپ-ئېزىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. ھەم ئۆزى ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا قۇربانگاھلارنى سالغۇزدى. \v 25 ئۇ يەنە يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىش ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»نى سالغۇزدى، شۇنداق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قوزغالدى. \v 26 مانا، ئۇنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن بارلىق تۇتقان يوللىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. \v 27 ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى يېرۇسالېم شەھىرىگە دەپنە قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. ئوغلى ھەزەكىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \b \b \m \c 29 \s1 ھەزەكىيا ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەسخانىنى تازىلايدۇ \m \v 1 ھەزەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا بولۇپ، زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. \f □ \fr 29:1 \ft \+bd «ئابىيا»\+bd* ــ ياكى «ئابى». «2پاد.» 2:18نى كۆرۈڭ.\f* \v 2 \add ھەزەكىيا\add* ئاتىسى داۋۇت بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. \v 3 ئۇ تەختكە چىققان بىرىنچى يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچتۇرۇپ، يېڭىباشتىن ياساتتى. \v 4 ئۇ كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى \add خۇدانىڭ ئۆيىگە\add* چاقىرىپ كېلىپ، \add ئالدىنقى\add* ھويلىسىنىڭ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە يىغىپ، \v 5 ئۇلارغا: ــ ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا مۇقەددەس قىلىپ پاكىزلاڭلار، مۇقەددەسخانىدىن بارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاڭلار. \v 6 چۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسىيلىق قىلىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلدى. \v 7 ئۇلار ئايۋاننىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتكەن، چىراغلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن، خۇشبۇي ياقمىغانىدى ۋە مۇقەددەسخانىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ھېچ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى؛ \v 8 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. \f □ \fr 29:8 \ft \+bd «ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت...»\+bd* ــ ياكى «ئۇلارنى ئادەملەرگە دەھشەت سالىدىغان، قورقۇنچ باستۇرىدىغان ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت».\f* \v 9 شۇ سەۋەبتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا قالدى؛ ئوغۇل-قىزلىرىمىز ۋە خوتۇنلىرىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىندى. \v 10 ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ بىزدىن ياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىلىشىش نىيىتىگە كەلدىم. \v 11 ئى بالىلىرىم، غاپىل بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئالدىدا تۇرۇپ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ خۇشبۇي يېقىشقا تاللىغان، دېدى.\f □ \fr 29:11 \ft \+bd «...خۇشبۇي يېقىشقا...»\+bd* ــ ياكى «...قۇربانلىق قىلىشقا...».\f* \m \v 12 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى: ــ كوھاتلاردىن بولغان ئاماساينىڭ ئوغلى ماھات ۋە ئازارىيانىڭ ئوغلى يوئېل، مەرارىلاردىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يەھاللەلەلنىڭ ئوغلى ئازارىيا، گەرشونلاردىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئېدەن، \v 13 ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىمرى بىلەن جەئىيەل، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن ماتتانىيا؛ \v 14 ھېماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەل بىلەن شىمەي، يەدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شېمايا بىلەن ئۇززىيەللەر. \v 15 ئۇلار قېرىنداشلىرىنى يىغىپ، ئۆزلىرىنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ پاكلىدى، پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پاكىزلاشقا كىردى. \v 16 كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىگە پاكىزلاشقا كىردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىدىن تاپقان بارلىق ناپاك-نىجىس نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ چىقتى؛ ئاندىن ئۇلارنى لاۋىيلار ئېلىپ چىقىپ، \add شەھەر سىرتىدىكى\add* كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تۆكتى. \m \v 17 ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئۆينى قايتىدىن خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاشقا كىرىشىپ، سەككىزىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ئايۋىنىغا چىقتى؛ ئۇلار \add يەنە\add* سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنى پاكىزلاپ، بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئىشنى تۈگەتتى.\f □ \fr 29:17 \ft \+bd «ئۇلار يەنە سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنى پاكىزلاپ...»\+bd* ــ ياكى «شۇنداق قىلىپ ئۇلار سەككىز كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ ئۆيىنى (مۇقەددەس جاينى) پاكىزلىغان بولدى...».\f* \m \v 18 ئاندىن ئۇلار ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئۆيىنى، جۈملىدىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى، «تەقدىم نان» تىزىلىدىغان شىرەنى ۋە شىرە ئۈستىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى پاكىزلىۋەتتۇق؛ \v 19 ئاھاز پادىشاھ تەختتىكى چېغىدا ئاسىيلىق قىلىپ تاشلىۋەتكەن بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى تەييارلاپ تەخ قىلىپ، پاكىزلاپ قويدۇق؛ مانا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا قويۇلدى، دېدى. \m \v 20 ھەزەكىيا پادىشاھ ئەتىگەندە تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەردىكى ئەمەلدارلارنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى. \v 21 ئۇلار پادىشاھلىق ئۈچۈن، مۇقەددەسخانا ۋە پۈتۈن يەھۇدالار ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىشقا يەتتە بۇقا، يەتتە قوچقار، يەتتە قوزا ۋە يەتتە تېكە ئېلىپ كەلدى؛ \add پادىشاھ\add* ھارۇن ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا سۇنۇشنى بۇيرۇدى. \v 22 ئۇلار بۇقىلارنى بوغۇزلىدى، كاھىنلار قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھقا سەپتى؛ ئاندىن ئۇلار قوچقارلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانگاھقا سەپتى؛ قوزىلارنىمۇ بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانگاھقا سەپتى. \v 23 ئاخىرىدا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەت ئالدىغا يېتىلەپ كېلىۋىدى، \add پادىشاھ ۋە جامائەت\add* قوللىرىنى تېكىلەر ئۈستىگە قويۇشتى. \f □ \fr 29:23 \ft \+bd «پادىشاھ ۋە جامائەت قوللىرىنى تېكىلەر ئۈستىگە قويۇشتى»\+bd* ــ «لاۋ.» 13:4-26نى كۆرۈڭ.\f* \v 24 كاھىنلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، قېنىنى بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت سۈپىتىدە قۇربانگاھقا سەپتى؛ چۈنكى پادىشاھ: «كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقى بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن سۇنۇلسۇن» دېگەنىدى. \m \v 25 پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، \add داۋۇت\add* پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى). \v 26 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، كاھىنلار كانايلارنى تۇتقان ھالدا تۇرۇشتى. \v 27 ھەزەكىيا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنۇلسۇن، دەپ بۇيرۇدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلغان ھامان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەغمە-ناۋا قىلىنىشقا، كانايلار چېلىنىشقا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ سازلىرى تەڭكەش قىلىنىشقا باشلىدى. \v 28 پۈتكۈل كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغۇچە، پۈتكۈل جامائەت سەجدىگە ئولتۇرۇشتى، نەغمە-ناۋاچىلار نەغمە-ناۋا قىلىشتى، كانايچىلار كاناي چېلىپ تۇردى. \v 29 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندا، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھازىر بولغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى. \v 30 ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەنە لاۋىيلارغا داۋۇتنىڭ ۋە ئالدىن كۆرگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشۇپ، باش ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. \m \v 31 ھەزەكىيا: ــ سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىكەنسىلەر، ئالدىغا كېلىڭلار، قۇربانلىقلار، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى رەبنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار، دېۋىدى، جامائەت قۇربانلىقلار ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتى؛ خالىغانلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشتى. \f □ \fr 29:31 \ft \+bd «ئالدىغا كېلىڭلار، قۇربانلىقلار،...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «قۇربانلىقلار» بەلكىم «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. 32-36-ئايەتلەرگە قارىغاندا، «كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار» بۇ ئىككى خىل قۇربانلىقلار (ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى)دىن سىرت ئىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كاھىنلار بىلەن شۇ قۇربانلىقلارنى سۇنغۇچىلار يېيىشكە بولاتتى؛ «كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار» پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلەتتى.\f* \v 32 جامائەت ئېلىپ كەلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار تۆۋەندىكىچە: ــ يەتمىش بۇقا، يۈز قوچقار، ئىككى يۈز قوزا؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئەكىلىنگەنىدى. \v 33 بۇلاردىن باشقا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئالتە يۈز بۇقا، ئۈچ مىڭ قويمۇ بار ئىدى. \f □ \fr 29:33 \ft \+bd «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئالتە يۈز بۇقا، ئۈچ مىڭ قويمۇ...»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى كالا-قويلار بەلكىم ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ۋە تەشەككۈر قۇربالىقلىرى سۈپىتىدە بېغىشلانغان بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 34 كاھىنلار بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىسىنى سويۇشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى؛ شۇڭا لاۋىي قېرىنداشلىرى تاكى ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ھەم باشقا كاھىنلار ئۆزلىرىنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ پاكلاپ بولغۇچە ياردەملەشتى (چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ پاكلاش ئىشىدا كاھىنلارغا نىسبەتەن بەكرەك ئىخلاسمەن ئىدى). \v 35 ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، شۇنداقلا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ مېيى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇلغان شاراب ھەدىيىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. \m شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. \v 36 خۇدا ئۆز خەلقىگە بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەزەكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق تولىمۇ خۇشال بولۇشتى؛ چۈنكى بۇ ئىشلار بەك تېزلا بېجىرىلىپ بولغانىدى. \b \b \m \c 30 \s1 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» يېڭىباشتىن تەبرىكلىنىدۇ \m \v 1 ھەزەكىيا پۈتۈن ئىسرائىلغا ۋە يەھۇداغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەمدە ئەفرائىملار بىلەن ماناسسەھلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى چاقىردى \v 2 (پادىشاھ، ئەمەلدارلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق جامائەت بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىنچى ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارارغا كېلىشتى. \v 3 لېكىن پاكلانغان كاھىنلار يېتىشمىگەچكە، خەلقمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولمىغاچقا، ھېيتنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدى). \v 4 پادىشاھ ۋە پۈتكۈل جامائەت بۇ پىلاننى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ قارىدى. \v 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ بەئەر-شېبادىن دانغىچە بارلىق خەلقىنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتەيلى، دەپ بېكىتتى؛ چۈنكى ئۇلار ھېيتنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان پۈتۈلگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى. \f □ \fr 30:5 \ft \+bd «بەئەر-شېبادىن دانغىچە پۈتكۈل ئىسرائىل»\+bd* ــ بەئەر-شېبا ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىدا، دان شىمالىي چېگرىسىدا ئىدى.\f* \v 6 چاپارمەنلەر پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا يۇرتىنى كېزىپ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بويىچە مۇنداق خەۋەرنى جاكارلىدى: «ئى ئىسرائىللار، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا يېنىپ كېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قالدىڭلارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىدۇ. \v 7 ئاتا-بوۋاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارغا ئوخشاش بولماڭلار؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك ئۇلارنى خارابىچىلىككە تاپشۇرغان. \v 8 ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. \v 9 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا قايتساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە بالا-چاقىلىرىڭلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا رەھىم-ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار شاپائەتلىك ۋە رەھىملىكتۇر؛ سىلەر ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتسەڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ». \m \v 10 چاپارمەنلەر شەھەرمۇ-شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى. \v 11 ھالبۇكى، ئاشىر، ماناسسەھ ۋە زەبۇلۇنلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يېرۇسالېمغا كەلدى. \v 12 ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ قولى يەھۇدالارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر نىيەتتە پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن چىقارغان ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر جان بىر دىل قىلدى. \m \v 13 شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى؛ توپلانغان خەلق زور بىر تۈركۈم ئادەم ئىدى. \f □ \fr 30:13 \ft \+bd «پېتىر نان ھېيتى»\+bd* ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بىلەن باشلىنىدۇ.\f* \v 14 ئۇلار قوزغىلىپ يېرۇسالېم شەھىرىدىكى قۇربانگاھلارنى بۇزۇپ يوقىتىپ، ئىسرىقگاھلارنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. \v 15 ئۇلار ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان \add قوزىلارنى\add* سويدى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار بۇنىڭغا قاراپ خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى \add خۇداغا\add* مۇقەددەس بولۇشقا پاكلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. \v 16 ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ \add قۇربانگاھقا\add* سەپتى. \v 17 جامائەت ئىچىدە پاكلىنىپ بولمىغانلار خېلى بولغاچقا، لاۋىيلار پاكلانمىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قوزىلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن سويۇشقا مەسئۇل ئىدى. \v 18‏-19 چۈنكى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كۆپىنچىسى، خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكلانماي تۇرۇپلا، تەۋرات بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ سويۇلغان قوزا گۆشلىرىنى يېيىشكە كىرىشتى؛ بىراق ھەزەكىيا ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ: ــ كىمكى ئۆز ئاتا-بوۋىسىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزلەش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، گەرچە ئۇلار مۇقەددەسخانىغا ئائىت پاكلىنىش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق پاك قىلىنمىسىمۇ، مېھرىبان پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي، دېدى.\f □ \fr 30:18‏-19 \ft \+bd «ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت قىلغاي».\f* \m \v 20 پەرۋەردىگار ھەزەكىيانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ خەلقنى ئەپۇ قىلدى. \f □ \fr 30:20 \ft \+bd «خەلقنى ئەپۇ قىلدى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقنى ساقايتتى».\f* \v 21 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى؛ لاۋىيلار بىلەن كاھىنلار ھەر كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە سازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. \m \v 22 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر لاۋىيلارغا ئىلھام بېرىپ تۇردى؛ خەلق يەتتە كۈن ھېيت قۇربانلىقلىرىنى يېدى؛ ئۇلار ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى.\f □ \fr 30:22 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىمى» ــ بۇ بىلىم ۋەھىي ئارقىلىق كەلگەچكە، «ۋەھىيلەر» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f* \m \v 23 بارلىق جامائەت يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، يەنە خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. \v 24 چۈنكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا جامائەتكە مىڭ بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى؛ ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە مىڭ بۇقا، ئون مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى. نۇرغۇن كاھىنلار ئۆزلىرىنى \add خۇداغا\add* ئاتاپ پاكلىدى. \v 25 پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلدىن چىققان بارلىق جامائەت، جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئالامەت خۇشال بولۇشتى. \f □ \fr 30:25 \ft \+bd «جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جۈملىدىن ئىسرائىلدىن چىققان، يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى...».\f* \v 26 يېرۇسالېمنى غايەت زور خۇشاللىق كەيپىيات قاپلىدى؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ زامانىدىن بۇيان، يېرۇسالېمدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. \v 27 ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى. \b \b \m \c 31 \m \v 1 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھازىر بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلىۋەتتى؛ يەنە يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىندا، شۇنداقلا ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ زېمىنىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار» ۋە قۇربانگاھلارنى، ھەممىسىنى بۇزۇپ يوقاتقۇچە سۆكۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. \b \m \s1 مۇقەددەسخانىنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى \m \v 2 ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ئۆزىگە خاس خىزمىتىگە بېكىتىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، ئىشىك-دەرۋازىلىرى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيدىغان قىلدى. \v 3 پادىشاھ يەنە ئۆز مېلىدىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرۇدى؛ بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنى بويىچە ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى، يېڭى ئاي ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلدى. \v 4 پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى. \v 5 بۇ بۇيرۇق چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئىسرائىللار ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئېلىنغان قىسمى ئاشلىق، يېڭى شاراب، \add زەيتۇن\add* مېيى ۋە ھەسەللەرنى ھەمدە ئېتىزلىقتىن چىققان ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھوسۇللىرىدىن ئەكىلىشتى، يەنە ھەرخىل نەرسىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە تۈركۈملەپ ئەكىلىشتى. \v 6 يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالارمۇ قوي-كالىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ۋە پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ئەكىلىپ، دۆۋە-دۆۋە دۆۋىلىۋەتتى. \f □ \fr 31:6 \ft \+bd «يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار»\+bd* ــ 1:30-2، «2پاد.» 6:17، 23نىمۇ كۆرۈڭ. بۇ ئىبارىگە قارىغاندا شىمالىي پادىشاھلىق («ئىسرائىل») ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان مەزگىلدە ياكى ھەتتا شۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىمالىي پادىشاھلىقتىكى «ئون قەبىلە»دىن يەھۇدا تەرەپكە قېچىپ، يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقانلار ئاز ئەمەس ئىدى. \+bd «خۇداغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملار»\+bd* ــ بۇ «خۇداغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملار» بەلكىم بارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئوندىن بىرى ئىدى. «قان.» 28:14-29 بويىچە، مۇشۇ بۇيۇملارنى خەلق «ئۆز ئىشىك-دەرۋازىلىرى ئىچىدە لاۋىيلار ۋە كەمبەغەللەر ئۈچۈن توپلاش كېرەك» ئىدى. بىزنىڭچە 6-ئايەتتىكى «ئوندىن بىرى» «خۇداغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملار»دىن ئېلىنغان ئوندىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «ئوندىن بىرى» شۇ چاغدا يېرۇسالېمغا ئاپىرىلاتتى.\f* \v 7 ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ دۆۋىلىنىپ، يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە توختىدى. \v 8 ھەزەكىيا ئەمەلدارلار بىلەن بىللە كېلىپ، دۆۋە-دۆۋە بولغان بۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت-سائادەت تىلىدى. \f □ \fr 31:8 \ft \+bd «دۆۋە-دۆۋە بولغان بۇ مەھسۇلاتلار»\+bd* ــ 6-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 9 ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن بۇ دۆۋە-دۆۋە مەھسۇلاتلار توغرۇلۇق سورىۋىدى، \v 10 زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى. \m \v 11 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئامبارلارنى تەييارلاشنى بۇيرۇۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. \v 12 ئۇلار سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن ھەدىيەلەرنى، ئوندىن بىر ئۆشرە ۋە خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ئەكىردى. لاۋىيلاردىن بولغان كونونىيا باش ئامبارچى، ئىنىسى شىمەي مۇئاۋىن باش ئامبارچى بولدى. \v 13 كونونىيا ۋە ئىنىسى شىمەينىڭ قول ئاستىدا يەھىيەل، ئازارىيا، ناخات، ئاساھەل، يەرىموت، يوزاباد، ئەلىيەل، يىسماقىيا، ماھات ۋە بىنايالار نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەزەكىيا پادىشاھ بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئازارىيانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىشلەيتتى. \v 14 شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى لاۋىي يىمناھنىڭ ئوغلى كورە خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيە-سوۋغاتلارغا مەسئۇل ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ۋە «ئەڭ مۇقەددەس» بولغان نەرسىلەرنى تەقسىم قىلاتتى. \f □ \fr 31:14 \ft \+bd ««ئەڭ مۇقەددەس» بولغان نەرسىلەر»\+bd* ــ كاھىنلارغا بېرىشكە ئالاھىدە بېكىتىلگەن، بەزى قۇربانلىقلاردىن ئايرىپ ئېلىنغان مەلۇم قىسىمنى كۆرسىتىدۇ. «لاۋ.» 2-، 6- ۋە 7-بابلارنى كۆرۈڭ.\f* \v 15 ئېدەن، مىنيامىن، يەشۇئا، شېمايا، ئامارىيا ۋە شېكانىيالار ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار كاھىنلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، چوڭ-كىچىكلىكىگە قارالماي، نۆۋەت بويىچە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بۇلارنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە تەيىنلەندى؛ \v 16 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار نەسەبنامىگە تىزىملانغان ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئەركەكلەردىن، ھەر كۈنى نۆۋىتى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى. \f □ \fr 31:16 \ft \+bd «ئۈچ ياشتىن ئاشقانلار»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، كاھىنلارنىڭ كىچىك ئوغۇل بالىلىرى خىزمەت نۆۋىتى كەلگەن ئاتىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىبادەتخانىغا كىرىشكە رۇخسەت ئىدى.\f* \v 17 ئۇلار نەسەبى تىزىملانغان جەمەتلىرى بويىچە كاھىنلارغىمۇ ھەمدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارغا نۆۋىتى ۋە ۋەزىپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ \v 18 نەسەبنامىدە «\add لاۋىي جامائىتى\add*» \add دەپ\add*، پۈتۈلگىنىگە قاراپ بۇلارنىڭ بارلىق كىچىك بالىلىرىغا، خوتۇنلىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار ساداقەتلىك بىلەن ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىنىپ، مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىدى. \v 19 ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بولسا، ھەربىر شەھەردە مەخسۇس تىزىملانغان ئادەم قويۇلغانىدى؛ ئۇلار كاھىنلار ئىچىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە شۇنداقلا نەسەبنامىدە پۈتۈلگەن بارلىق لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بېرەتتى. \m \v 20 ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى. \v 21 مەيلى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرگە ئائىت ئىشتا بولسۇن، مەيلى تەۋرات قانۇنىغا ھەم ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش نىيىتىدە خۇداسىنى ئىزدەشتە بولسۇن، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن قىلدى ۋە روناق تاپتى. \b \b \m \c 32 \s1 ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىدۇ \r 2پاد. 18‏:13-37؛‏ 19‏:1-37؛‏ يەش. 36‏:1-22؛‏ 37‏:1-38 \m \v 1 بۇ بارلىق ئىشلارنى ۋە ساداقەتلىك ئەمەللەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىپ، قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قورشىۋالدى. \v 2 ھەزەكىيا سەنناخېرىبنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندە، \v 3 ئەمەلدارلىرى ۋە باتۇر ئەزىمەتلىرى بىلەن شەھەر سىرتىدىكى بۇلاق-ئېرىقلارنى توسۇۋېتىش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ئۇنى قوللىدى. \v 4 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ: «نېمە ئۈچۈن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىغا مول سۇ مەنبەسىنى تېپىۋېلىشىغا قالدۇرىدىكەنمىز؟» دەپ بارلىق بۇلاق كۆزلىرىنى ئېتىۋەتتى ۋە ئۇ يۇرت ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىقنى توسۇۋەتتى. \v 5 ھەزەكىيا ئۆزىنى غەيرەتلەندۈرۈپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن سېپىللارنى يېڭىباشتىن ئوڭلاتتى، ئۈستىگە قاراۋۇلخانىلارنى سالدۇردى، يەنە بىر تاشقى سېپىلمۇ ياساتتى ھەمدە داۋۇت شەھىرىدىكى «مىللو» قەلئەسىنى مۇستەھكەملىدى؛ ئۇ يەنە نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلارنى ياساتتى. \v 6 ئۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە سەردارلارنى تەيىنلىدى ئاندىن ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىدىكى مەيدانغا، ئۆز ئالدىغا يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىپ: \v 7 ــ ئىرادەڭلارنى چىڭ قىلىپ باتۇر بولۇڭلار، ئاسۇرىيە پادىشاھىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن زور قوشۇندىن قورقماڭلار ياكى ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بىز بىلەن بىرگە بولغۇچىلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغۇچىلاردىن كۆپتۇر. \f □ \fr 32:7 \ft \+bd «بىز بىلەن بىرگە بولغۇچىلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغۇچىلاردىن كۆپتۇر»\+bd* ــ ياكى «بىز بىلەن بولغۇچى ئۇنىڭ بىلەن بولغۇچىدىن ئۇلۇغدۇر». «2پاد.» 16:6نى كۆرۈڭ.\f* \v 8 ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنى ناھايىتى بىر ئىنسانىي ئەتلىك بىلەك، خالاس؛ لېكىن بىز بىلەن بىللە بولغۇچى بولسا بىزگە مەدەتكار بولۇپ، بىز ئۈچۈن جەڭ قىلغۇچى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار باردۇر! ــ دېدى. خەلق يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ تاياندى.\x + \xo 32:8 \xt يەر. 17‏:5؛ 1يۇھ. 4‏:4\x* \m \v 9 شۇنىڭدىن كېيىن ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب پۈتكۈل كۈچ-قوشۇنى بىلەن لاقىش شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ شۇ چاغدا ئۇ خىزمەتكارلىرىنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا، شۇنداقلا يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدالارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ: ــ \v 10 «ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب: «يېرۇسالېم مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرۇقلۇق، سىلەر زادى نېمىگە تايىنىپ ئۇنىڭدا تېخىچە تۇرۇۋاتىسىلەر؟ \v 11 ھەزەكىيا سىلەرگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ»، دەپ ئىشەندۈرۈپ، سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈمگە تاپشۇرماقچى بولۇۋاتمامدۇ؟ \v 12 شۇ ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئاندىن يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: ــ «سىلەر بىرلا قۇربانگاھ ئالدىدا سەجدە قىلىسىلەر ۋە شۇنىڭ ئۈستىگىلا خۇشبۇي ياقىسىلەر» دەپ ئەمر قىلغان ئەمەسمىدى؟ \f □ \fr 32:12 \ft \+bd «شۇ ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ... يېرۇسالېمدىكىلەرگە: ــ «سىلەر بىرلا قۇربانگاھ ئالدىدا سەجدە قىلىسىلەر ...» دەپ ئەمر قىلغان ئەمەسمىدى؟»\+bd* ــ سەنناخېرىبنىڭ ئەلچىسى ئىنتايىن ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلىنغان بۇ گەپ بىلەن خەلققە: ــ «ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا ھەقىقەتەن ئىشەنمەيدۇ. ئۇ پەقەت ھەممىڭلار يېرۇسالېمدا قۇربانلىقلىرڭلارنى قىلىشىڭلار كېرەك دەپ سىلەردىن پايدىلانماقچى» دەپ گۇمانلاندۇرماقچى.\f* \v 13 مېنىڭ ۋە مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ بارلىق ئەل خەلقلىرىگە نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى ئۆز زېمىنىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزۇشقا بىرەر ئامال قىلالىغانمۇ؟ \v 14 مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان ئەشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ قايسىبىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامتى؟ \v 15 سىلەر ئەمدى ھەزەكىياغا ئالدانماڭلار، سىلەرنى شۇنداق قايىل قىلىشىغا يول قويماڭلار ياكى ئۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ ئولتۇرماڭلار؛ چۈنكى مەيلى قايسى ئەلنىڭ، قايسى پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن ياكى مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزۇپ چىقالمىدى؛ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ» ــ دېدى. \m \v 16 \add سەنناخېرىبنىڭ\add* خىزمەتكارلىرى داۋاملىق يەنە پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى ھەزەكىيانى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنىمۇ قىلدى. \v 17 ئاندىن سەنناخېرىب تېخى خەت يېزىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلەپ، زاڭلىق قىلىپ: «خۇددى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمىغاندەك، ھەزەكىيانىڭ خۇداسىمۇ ئۇنىڭ خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمايدۇ» دېدى. \v 18 ئۇلار شەھەرنى ئېلىش غەرىزىدە يېرۇسالېم سېپىلىدە تۇرۇۋاتقان خەلقنى قورقۇتۇپ، پاتىپاراقچىلىققا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدىي تىلىدا ئۈنلۈك توۋلاپ تۇردى. \v 19 ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى خۇددى يەر يۈزىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىنساننىڭ قولىدا ياسالغان ئىلاھلىرىغا ئوخشىتىپ سۆزلىدى. \m \v 20 شۇنىڭ تۈپەيلىدىن ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلىۋىدى، \v 21 پەرۋەردىگار بىر پەرىشتە ئەۋەتتى، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى قوشۇنىنىڭ لەشكەرگاھىغا كىرىپ، پۈتكۈل باتۇر جەڭچىلەرنى، ئەمەلدالار ۋە سەردارلارنى قويماي قىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە پادىشاھى شەرمەندە بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگەن چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغۇللىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. \v 22 ئەنە شۇ تەرىقىدە، پەرۋەردىگار ھەزەكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ ۋە باشقا بارلىق دۈشمەنلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتە قوغدىدى. \f □ \fr 32:22 \ft \+bd «ھەر تەرەپتە قوغدىدى»\+bd* ــ ياكى «ھەر تەرەپتە ئەمىنلىككە ئېرىشتۈردى» ياكى «ھەر تەرەپتە يېتەكچىلىك قىلدى».\f* \v 23 نۇرغۇن كىشىلەر ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئەكەلدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا سۇندى؛ شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەزەكىيا بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. \b \m \s1 ھەزەكىيا ئېغىر كېسەل بولىدۇ، دۇئا قىلىدۇ \r 2پاد. 20‏:1-21؛ يەش. 38‏:1-22؛ 39‏:1-8 \m \v 24 شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ ساكراتقا چۈشۈپ قالدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلدى ۋە پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتتى. \f □ \fr 32:24 \ft \+bd «ھەزەكىيا ... پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلدى ۋە پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتتى»\+bd* ــ «يەش.» 38-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 لېكىن ھەزەكىيا ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپاتقا مۇۋاپىق تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. شۇڭا خۇدانىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا ۋە شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە قوزغالدى. \v 26 لېكىن ھەزەكىيا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر تەكەببۇرلىقىدىن يېنىپ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈرگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە ئۇلارغا چۈشمىدى. \m \v 27 ھەزەكىيانىڭ دۇنياسى تولىمۇ كۆپ، ئىززەت-ھۆرمىتى قەۋەتلا يۇقىرى ئىدى؛ ئۇ ئۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر-ياقۇت، خۇشبۇي دورا-دەرمەك، قالقان ۋە ھەرخىل قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەرنى سالدۇردى؛ \v 28 ئۇ يەنە ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيى ساقلايدىغان ئامبارلارنى، يەنە ھەر تۈرلۈك ماللار ۋە پادىلىرى ئۈچۈن ئېغىل-قوتانلارنى سالدۇردى. \v 29 ئۇ ئۆزىگە شەھەرلەر بىنا قىلدۇردى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارغا ئىگە بولدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا غايەت كۆپ دەپئىنە-دۇنيا ئاتا قىلغانىدى. \v 30 ھەزەكىيادىن ئىبارەت بۇ كىشى گىھون ئېقىنىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇنى توسۇپ، سۇنى توپتوغرا داۋۇت شەھىرىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ئېقىپ كېلىدىغان قىلغانىدى. ھەزەكىيا بارلىق قىلغان ئەمەللىرىدە روناق تاپتى. \v 31 ھالبۇكى، بابىل ئەمىرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى كېلىپ ھەزەكىيا بىلەن كۆرۈشۈپ، يەھۇدا زېمىنىدا يۈز بەرگەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت توغرۇلۇق گەپ سورىغان چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا سىنىماقچى، خۇدا ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەتتى. \f □ \fr 32:31 \ft \+bd «ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا سىنىماقچى، خۇدا ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەتتى»\+bd* ــ «يەش.» 39-بابنى كۆرۈڭ.\f* \v 32 ھەزەكىيانىڭ قالغان ئىشلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلار «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كۆرگەن ۋەھىيلىك خاتىرىسىدە پۈتۈلگەندۇر. \m \v 33 ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى داۋۇت ئەۋلادلىرى قەبرىستانلىقى ئېگىزلىكىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بارلىق يەھۇدا خەلقى بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەر ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ماناسسەھ پادىشاھ بولدى. \b \b \m \c 33 \s1 ماناسسەھ سەلتەنەت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ رەزىل ئىشلىرى \r 2پاد. 21‏:1-18 \m \v 1 ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 2 ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. \v 3 ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا چېقىپ تاشلىغان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائاللارغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئاشەراھ مەبۇدلارنى ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. \f □ \fr 33:3 \ft \+bd «ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلار»\+bd* ــ ياكى «ئاسماننىڭ قوشۇنى»، يەنى ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتىن بىلىمىزكى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋە بەلكىم ئاسماندىكى يامان كۈچلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار («زەب.» 4:147، «ئايۇپ» 4:38-7، «ۋەھ.» 4:12نى كۆرۈڭ).\f* \v 4 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىم مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەنىدى. \v 5 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. \f □ \fr 33:5 \ft \+bd «ئاسماننىڭ قوشۇنى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 6 ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. \f □ \fr 33:6 \ft \+bd «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»\+bd* ــ يەنى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى». «يەشۇئا» 29:8نى كۆرۈڭ. بۇ جىلغا ئەسلى «گې-ھىننوم» دەپ ئاتىلاتتى (ئەرەبچە «جەھەننەم»). \+bd «...بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش»\+bd* ــ بەلكىم «ئىنسانىي قۇربانلىق»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f* \v 7 ئۇ ياساتقان ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە تىكلىدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ \v 8 ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى بارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بېكىتكەن بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن» ــ دېگەنىدى. \m \v 9 لېكىن ماناسسەھ يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. \v 10 پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. \m \v 11 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى. \f □ \fr 33:11 \ft \+bd «ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ...»\+bd* ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى تۇتقۇنلارنى خارلاش ئۈچۈن ئىلمەكلەرنى بۇرنىدىن ئۆتكۈزۈپ يېتىلەيتتى. «يەش.» 29:37 ۋە «ھاب.» 15:1 بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.\f* \v 12 ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى. \v 13 ئۇ دۇئا قىلىۋىدى، \add پەرۋەردىگار\add* ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ، پادىشاھلىقىغا قايتىدىن ئىگە قىلدى. ماناسسەھ شۇ چاغدىلا پەرۋەردىگارنىڭلا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. \m \v 14 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ماناسسەھ «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سىرتىغا، جىلغا ئوتتۇرىسىدىكى گىھوننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىن تاكى بېلىق دەرۋازىسى ئاغزىغىچە، ئوفەلنى چۆرىدەپ سېپىل ياساتتى ۋە ئۇنى ناھايىتى ئېگىز قىلدى؛ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى قورغانلىق شەھەرلىرىدە قوشۇن سەردارلىرىنى تەيىنلىدى. \v 15 ئۇ يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىن يات ئەللىكلەرنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن \add ئۆزى قويغان\add* بۇتنى، ئۆزى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ تېغى بىلەن يېرۇسالېمدا ياساتقۇزغان بارلىق قۇربانگاھلارنى ئېلىۋېتىپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزىۋەتتى. \v 16 \add ماناسسەھ\add* پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن تىكلىتىپ، قۇربانگاھقا ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ۋە يەھۇدالارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە كىرىشنى بۇيرۇدى. \v 17 شۇنداقتىمۇ، خەلق قۇربانلىقنى يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا ئۆتكۈزەتتى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغىلا سۇنۇلاتتى. \v 18 ماناسسەھنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرى بولسا، مانا ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. \v 19 ئۇنىڭ دۇئاسى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى قانداق ئىجابەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن قىلىشىدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھى ۋە ۋاپاسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە «يۇقىرى جايلار» سالدۇرغانلىقى، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ھەم ئويما مەبۇدلارنى تىكلىگەنلىكى بولسا، مانا ھەممىسى «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە» پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 33:19 \ft \+bd «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە»\+bd* ــ ياكى «ھوزاينىڭ خاتىرىلىرىدە».\f* \v 20 ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا دەپنە قىلدى؛ ئوغلى ئامون ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \b \m \s1 ئامون سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 21‏:19-26 \m \v 21 ئامون تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 22 ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ ياساتقان بارلىق ئويما مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇندى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. \v 23 ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى. \v 24 كېيىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. \v 25 لېكىن يەھۇدا زېمىنىدىكىلەر ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. \b \b \m \c 34 \s1 ھەققانىي پادىشاھ يوسىيا سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 22‏:1-20 \m \v 1 يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. \v 2 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. \v 3 ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، ئۇ تېخى گۈدەك چېغىدىلا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ خۇداسىنى ئىزلەشكە باشلىدى؛ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكى «يۇقىرى جايلار»، ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما بۇتلار ۋە قۇيما بۇتلارنى يوقىتىپ، زېمىننى پاكىزلاشقا كىرىشتى. \v 4 خەلق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا «بائاللار»نىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ تاشلىدى؛ ئۇ قۇربانگاھلارنىڭ ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى كېسىپ تاشلىدى؛ ئۇ يەنە ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما-قۇيما بۇتلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ توپىسىنى بۇ مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇنغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. \f □ \fr 34:4 \ft \+bd «كۈن تۈۋرۈكلىرى»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «قۇياش بۇتلىرى» ياكى «ئىسرىقگاھلار».\f* \v 5 \add بۇت\add* كاھىنلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى قۇربانگاھلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنى پاكىزلىدى. \v 6 ئۇ ماناسسەھ، ئەفرائىم، شىمېئون ھەتتا نافتالىغىچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋە ئەتراپىدىكى خارابىلەردە شۇنداق قىلدى؛ \v 7 ئۇ قۇربانگاھلارنى چېقىپ، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ۋە ئويما بۇتلارنى كوكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، پۈتۈن ئىسرائىلدىكى خۇشبۇيگاھلارنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتتى.\f □ \fr 34:7 \ft \+bd «كۈن تۈۋرۈكلىرى»\+bd* ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «قۇياش بۇتلىرى» ياكى «ئىسرىقگاھلار».\f* \m \v 8 ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى يەھۇدا زېمىنىنى ۋە مۇقەددەسخانىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن، ئازالىيانىڭ ئوغلى شافان، شەھەر باشلىقى مائاسېياھ ۋە يوئاھازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھنى خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلاشقا ئەۋەتتى. \v 9 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باش كاھىن ھىلقىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇلنى تاپشۇردى. بۇ پۇلنى ئەسلىدە دەرۋازىۋەن لاۋىيلار ماناسسەھ، ئەفرائىم ۋە ئىسرائىلنىڭ قالدىسىدىن، شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنىدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەردىن يىغقانىدى. \f □ \fr 34:9 \ft \+bd «ئەفرائىم ۋە ئىسرائىلنىڭ قالدىسى»\+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى شىمالىي پادىشاھلىق («ئىسرائىل»)تىن ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەنىدى؛ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان مۇشۇ خەلق يۇرتتا قالدۇرۇلغان ئىسرائىللار ئىدى.\f* \v 10 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلار ھەم پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئىشلىگۈچىلەرگە بەردى؛ \v 11 ئۇلار بولسا پۇلنى يەھۇدا پادىشاھلىرى خارابىلەشتۈرگەن ئۆي-ئىمارەتلەرگە لازىملىق كېسىپ-ئويۇلغان تاشلارنى ۋە تۈۋرۈك-لىملارغا ياغاچ سېتىۋالىشقا ياغاچچىلار بىلەن تامچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. \v 12 بۇ ئادەملەر ساداقەتلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان، نازارەتكە مەسئۇل لاۋىي مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جاھات بىلەن ئوبادىيا، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام بار ئىدى؛ بۇ لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل سازلارغىمۇ ماھىر ئىدى؛ \v 13 ئۇلار يەنە ھامماللار ۋە ھەرخىل ئىشلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلەرنى باشقۇراتتى؛ لاۋىيلاردىن پۈتۈكچىلەرمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، دەرۋازىۋەنلەرمۇ بار ئىدى. \m \v 14 ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇللارنى ئېلىپ چىقىدىغان چاغدا، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن تەۋرات قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدى. \v 15 ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تەۋرات-قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ، ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. \v 16 شافان ئۇنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئاپاردى ۋە ئۇنىڭغا: «خىزمەتكارلىرى تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى بولسا، ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. \v 17 ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە \add بېغىشلانغان\add* پۇللارنى تۆكۈپ، ئۇنى نازارەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ مەلۇمات بەردى. \f □ \fr 34:17 \ft \+bd «پۇللارنى تۆكۈپ...»\+bd* ــ ياكى «كۈمۈشنى ئېرىتىپ،...»\f* \v 18 شافان كاتىپ يەنە پادىشاھقا: ــ ھىلقىيا كاھىن يەنە ماڭا بىر ئورام كىتاپ بەردى دەپ ئۇنى پادىشاھ ئالدىدا ئوقۇدى. \m \v 19 ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. \v 20 پادىشاھ ھىلقىيا بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ \v 21 بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە ئىسرائىلدا ھەم يەھۇدادا قالدۇرۇلغان خەلق ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا بارلىق پۈتۈلگەنلەرگە ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تۇتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە تۆكۈلىدىغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، دېدى. \f □ \fr 34:21 \ft \+bd «تېپىۋېلىنغان كىتاب»\+bd* ــ تەۋراتنىڭ قايسى قىسمى بولۇشى كېرەك؟ پادىشاھنىڭ ئىنكاسى، يەنى كېيىنكى ھەرىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىشىغا قارىغاندا، «تېپىۋېلىنغان كىتاب» چوقۇم بۇ ئىشنى تەكىتلەيدىغان «قانۇن شەرھى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.\f* \v 22 شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا ۋە پادىشاھ تەيىنلىگەن كىشىلەر ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا باردى؛ ھۇلداھ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توكىھاتنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى؛ ئۇ ئۆزى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشتى. \v 23 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ \v 24 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئالدىدا ئوقۇلغان بۇ كىتابتىكى بارلىق لەنەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. \v 25 چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە تۆكۈلىدۇ، ئۆچۈرۈلمەيدۇ. \m \v 26 لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا، مۇنداق دەڭلار: ــ سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ \v 27 چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، خۇدانىڭ مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلدىڭ، شۇنىڭدەك ئۆزۈڭنى شۇنداق تۆۋەن قىلغىنىڭدا، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. \v 28 مانا، سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». \m ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. \m \v 29 پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلدى. \v 30 پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار، شۇنداقلا بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى.\f □ \fr 34:30 \ft \+bd «...ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «...ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەردى».\f* \m \v 31 پادىشاھ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئەھدىگە باغلىدى. \f □ \fr 34:31 \ft \+bd «ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدە سۆزلىرىگە...».\f* \v 32 شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. \m ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىنيامىندىكى خەلقنىمۇ بۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار خۇدانىڭ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولدى. \v 33 يوسىيا ئىسرائىللارغا قاراشلىق يۇرتلاردىن بارلىق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ خىزمىتىگە كىرىدىغان قىلدى. \add يوسىيانىڭ\add* بارلىق كۈنلىرىدە خەلق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ھېچ يانمىدى. \b \b \m \c 35 \s1 يوسىيا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزىدۇ \r 2پاد. 23‏:21-23 \m \v 1 يوسىيا پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزمەكچى بولدى؛ بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى. \v 2 پادىشاھ كاھىنلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. \v 3 ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشقا تەلىم بەرگۈچى لاۋىيلارغا: ــ سىلەر مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىنى ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئۆيگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار؛ ئەمدى ئۇنى مۈرەڭلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋەزىپىسى قالمىدى. ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقى ئىسرائىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. \f □ \fr 35:3 \ft \+bd «ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشقا تەلىم بەرگۈچى لاۋىيلارغا: ــ»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: (1) «ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىلغا تەلىم بېرىدىغان، ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان لاۋىيلارغا...»؛ (2) «ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىلغا پەرۋەردىگارغا خاس مۇقەددەس ئىشلار توغرۇلۇق تەلىم بېرىدىغان لاۋىيلارغا...». \+bd «... ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقى ئىسرائىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار»\+bd* ــ بۇ پۈتكۈل ئايەتتىكى خەۋەرگە قارىغاندا: \fp (1) مەلۇم سەۋەبتىن ئەھدە ساندۇقى ئەڭ مۇقەددەس جايدىن يۆتكىۋېتىلگەنىدى. مۇمكىنچىلىكى بولغان سەۋەبلىرى بولسا (ئا) يوسىيا ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ تۇرغان؛ (ئە) مەلۇم بىر رەزىل پادىشاھ بۇتپەرەسلىك مەقسىتى بىلەن ئۇنى ئۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەنىدى؛ (ب) كاھىنلار بۇتپەرەسلەرنىڭ رەزىل نىيەتلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن ئۇنى يۆتكەپ يوشۇرۇپ قويغانىدى؛ (پ) كاھىنلار يېرۇسالېمنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان تاجاۋۇزچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى يۆتكەپ يوشۇرۇپ قويغانىدى (مەسىلەن، 9:12 ۋە 4:25). \fp (2) بۇ ئايەتكە قارىغاندا لاۋىيلارنىڭ (شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ) ئەڭ مۇھىم ۋە چوڭ رولى ھازىر (ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيە ئىشلىرىدىن باشقا) ئىسرائىلغا تەلىم بېرىش كېرەك ئىدى (22:30نى كۆرۈڭ). ئىسرائىل سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن ئەزرا بۇلارنىڭ ياخشى بىر ئۈلگىسى بولغانىدى.\f* \v 4 شۇنىڭ ئۈچۈن جەمىتىڭلار ۋە نۆۋەت-گۇرۇپپاڭلار بويىچە، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ يازغىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ يازغىنىغا ئاساسەن، ئۆزۈڭلارنى ئوبدان تەييارلاڭلار. \v 5 سىلەر ئۆز ئاتا جەمەتلىرىڭلارنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت شۇ ئاددىي خەلق-پۇقرالار جەمەت-جەمەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، مۇقەددەسگاھتا تۇرىسىلەر؛ ھەربىر گۇرۇپپىدا لاۋىي جەمەتىدىن بىرنەچچە ئادەم بولسۇن. \v 6 سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويۇسىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار، \add ئىسرائىلدىكى\add* قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلىغان سۆز-كالامىغا بېقىنىشى ئۈچۈن، ھەممە ئىشنى تەييار قىلىڭلار، دېدى. \m \v 7 يوسىيا شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق خەلق-پۇقرالارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قۇربانلىقى بولسۇن دەپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ قوزا ۋە ئوغلاق، ۋە يەنە ئۈچ مىڭ بۇقا ھەدىيە قىلدى؛ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ مېلىدىن چىقىرىلغانىدى. \v 8 ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلققە ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارغا قۇربانلىق مېلى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ھىلقىيا، زەكەرىيا ۋە يەھىيەلمۇ ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قوزا-ئۆچكە بىلەن ئۈچ يۈز بۇقىنى كاھىنلارغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ تاپشۇردى. \v 9 لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرى بولغان كونانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا بىلەن نەتانەل، شۇنداقلا ھاشابىيا، جەئىيەل ۋە يوزابادمۇ بەش مىڭ قوزا بىلەن بەش يۈز بۇقىنى لاۋىيلارنىڭ ھېيتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى. \m \v 10 شۇنداق قىلىپ، ئۆتىلىدىغان ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، كاھىنلار ئۆز ئورنىدا تۇردى، لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە تۇرۇشتى. \v 11 لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى بوغۇزلىدى؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ قۇربانگاھقا سەپتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاۋىيلار قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى سويدى. \v 12 كۆيدۈرمە قۇربانلىققا سۇنۇلىدىغان ماللارنى بولسا، ئۇلار خەلق-پۇقرالارغا ۋەكىل بولغان جەمەتلەر بويىچە خەلققە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنى مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنىغا مۇۋاپىق، پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا تەييارلىدى. سۇنۇلىدىغان بۇقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. \v 13 ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزا-ئۆچكىلەرنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلدى؛ باشقا قۇربانلىقلاردىن قالغان، يەنى خۇداغا ئاتالغان قىسىملارنى قازاندا، داڭقاندا ياكى داستا پىشۇرۇپ تېزدىن خەلق-پۇقرالارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى؛ \v 14 شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلارغا قۇربانلىقلاردىن تەييارلىدى، چۈنكى كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى كەچ كىرگۈچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە مايلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى؛ شۇڭا لاۋىيلار ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ قۇربانلىقلاردىن \add گۆش\add* تەييارلاپ قويۇشتى. \v 15 ناۋا-نەغمىچىلەر، يەنى ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇت، ئاساف، ھېمان ۋە \add داۋۇت\add* پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى يەدۇتۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ھەرقايسىسى ئۆز دەرۋازىسى ئالدىدا تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئاجرىشىنىڭ ھاجىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار قۇربانلىقلاردىن تەييارلاپ قوياتتى. \v 16 شۇنداق قىلىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدە يوسىيا پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇلۇشى بىلەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت تولۇق ئورۇنلاندى. \v 17 شۇ چاغدا ھازىر بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. \v 18 سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىن بۇيان ئىسرائىلدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مۇنداق ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىمۇ يوسىيا، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە شۇ يەردە ھازىر بولغان يەھۇدالار بىلەن ئىسرائىللار ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۆتكۈزگەندەك مۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. \v 19 بۇ قېتىمقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يوسىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۆتكۈزۈلدى. \b \m \s1 يوسىيانىڭ سەلتەنىتى ئاخىرلىشىدۇ \m \v 20 يوسىيا \add مۇقەددەس\add* ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى مۇشۇنداق تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى نەقو ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىدە ئۇرۇشقا چىقتى، يوسىيا ئۇنىڭ ئالدىنى توسقىلى چىقتى. \v 21 نەقو يوسىيانىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «ئى يەھۇدا پادىشاھى، ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارلىرى بار؟ بۈگۈن مەن سىلى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەمەت بىلەن ئۇرۇشقىلى چىققانمەن؛ يەنە كېلىپ، خۇدا مېنى تېز ھۇجۇم قىل، دېدى؛ خۇدانىڭ سىلىنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشىغا كاشىلا قىلمىسىلا، چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللىدۇر» دېدى. \v 22 لېكىن يوسىيا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشتىن يانمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنى نىقابلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئۇ خۇدانىڭ نەقونىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان گېپىگە قۇلاق سالماي، مەگىددو تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ نەقو بىلەن تۇتۇشتى. \v 23 ئوقياچىلار يوسىيا پادىشاھقا ئوق ئېتىپ ئۇنىڭغا \add تەگكۈزدى\add*؛ پادىشاھ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. \v 24 ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يۆلەپ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ مېڭىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى؛ بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يوسىياغا تەزىيە تۇتۇشتى. \v 25 يەرىمىيا \add پەيغەمبەر\add* يوسىيا ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇدى؛ نەغمە-ناۋاچى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى تاكى بۈگۈنگىچە يوسىيانى تەرىپلەپ مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە؛ ئۇ ئىش ئىسرائىلدا بەلگىلىمىگە ئايلاندى. مانا بۇلار «مەرسىيەلەر» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 35:25 \ft \+bd «يەرەمىيا ... مەرسىيە ئوقۇدى»\+bd* ــ ياكى «يەرەمىيا... مەرسىيە يازدى».\f* \v 26 يوسىيانىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات كىتابىدا يېزىلغانلىرىغا ئەگەشكەن ياخشى ئەمەللىرى، \v 27 قىلغانلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە ھەممىسى «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. \b \b \m \c 36 \s1 يەھوئاھاز سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 23‏:31-35 \m \v 1 \add يەھۇدا\add* زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. \v 2 يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى. \v 3 مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى. \f □ \fr 36:3 \ft \+bd «بىر يۈز تالانت كۈمۈش»\+bd* ــ 100 تالانت كۈمۈش بەلكىم 3400 كىلوگرام، بىر تالانت ئالتۇن 34 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن.\f* \v 4 ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. \b \m \s1 يەھوئاكىم سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 23‏:36-37؛ 24‏:1-7 \m \v 5 يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. \v 6 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. \v 7 نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب-بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى. \v 8 يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. \b \m \s1 يەھوئاكىن سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 24‏:8-17 \m \v 9 يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. \f □ \fr 36:9 \ft \+bd «ئون سەككىز ياشتا»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «سەككىز ياشتا» دېيىلىدۇ.\f* \v 10 يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.\f □ \fr 36:10 \ft \+bd «يەھوئاكىننىڭ تاغىسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھوئاكىننىڭ قېرىندىشى».\f* \b \m \s1 زەدەكىيا سەلتەنەت قىلىدۇ \r 2پاد. 24‏:18-20؛ 25‏:1-12؛ يەر. 52‏:1-30 \m \v 11 زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ \v 12 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛ \v 13 ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا \add بېقىنىش\add* قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى. \v 14 ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى. \m \v 15 ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. \f □ \fr 36:15 \ft \+bd «پەرۋەردىگار .... تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ... ئەۋەتىپ...»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئۇلارنى بالدۇر ۋە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 16 بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.\f □ \fr 36:16 \ft \+bd «قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «داۋالىغۇسىز دەرىجىدە».\f* \b \m \s1 بابىللار يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىدۇ \m \v 17 پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ \add خۇدا\add* بۇلارنىڭ ھەممىسىنى \add كالدىيە\add* پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. \v 18 كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا-بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. \v 19 كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا-قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا-بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلدى. \v 20 قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى \add كالدىيە پادىشاھى\add* بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى. \v 21 بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن \add ئالدىن\add* ئېيتقان \add ئاگاھ\add* سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى.\f □ \fr 36:21 \ft \+bd «پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى..»\+bd* ــ كۆرسىتىلگەن بۇ سۆز «يەر.» 11:25، 10:29 قاتارلىق ئايەتلەردە تېپىلىدۇ. \+bd «زېمىن «شابات تۇتۇپ» دەم ئالدى»\+bd* ــ ئىنتايىن ھەجۋىي گەپتۇر. ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنى بويىچە («لاۋ.» 4:25) زېمىن ھەر يەتتىنچى يىلىدا بىر يىل («شابات يىلى»دا) دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى ــ دېمەك، ئۇنىڭدا ھېچ تېرىقچىلىق قىلىشقا بولمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئىسرائىللار زېمىننى ئىگىلىگەندىن تارتىپ يەرەمىيا پەغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە بولغان 490 يىلدا زېمىن ھېچ «دەم ئالغان» ئەمەس ئىدى. شۇڭا زېمىننىڭ خەلقتىن ئالىدىغان 70 يىللىق ئاراملىق قەرزى بار ئىدى؛ خەلق بابىلدا 70 يىل سۈرگۈن بولغاندا زېمىن ئۇلاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رەزىللىكىدىن «دەم ئالدى». \fp بۇ تېمىدا يەنە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 36:21 \xt ئەزرا 1‏:1-3؛ يەر. 25‏:12؛ 29‏:10؛ دان. 9‏:2\x* \b \m \r ئەزرا 1‏:1-3؛ يەر. 25‏:12؛ 29‏:10؛ دان. 9‏:2 \v 22 پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ \v 23 «پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ شۇ يەرگە چىقسۇن!» دېدى.