\id 1TI \h تىموتىيغا «1» \toc1 تىموتىيغا «1» \toc2 تىموتىيغا «1» \toc3 1تىم. \mt1 تىموتىيغا «1» \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان بىرىنچى مەكتۇپ •••• سالام \m \v 1 قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ ئەمرى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن مەنكى پاۋلۇستىن\x + \xo 1:1 \xt روس. 9‏:15؛ كول. 1‏:27. \x* \v 2 ئېتىقاد يولىدىكى ئۆزۈمنىڭ سادىق ئوغلۇم بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\x + \xo 1:2 \xt روس. 16‏:1؛ 1كور. 4‏:17؛ گال. 1‏:3؛ 1تېس. 3‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \b \m \s1 ساختا تەلىملەرنى توسۇش \m \v 3 ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك \add شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى\add*، \add شۇ يەردىكى\add* بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛\x + \xo 1:3 \xt روس. 20‏:1. \x* \v 4 ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. \f □ \fr 1:4 \ft \+bd «ئايىغى يوق نەسەبنامىلەر»\+bd* ــ يەھۇدىي خەلقى ھەردائىم ئۆزىنىڭ تەۋراتتىكى مەلۇم ئۇلۇغ «روھىي ئەرباب»نىڭ ئەۋلادى، گرېكلەر بولسا ھەردائىم ئۆزىنىڭ «ئىلاھىي ئادەم»نىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى. \+bd «بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ»\+bd* ــ «(خۇدانىڭ)... ئۆز ئۆيىگە بولغان (نىجاتلىق) پىلانى» گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قانۇن-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 1:4 \xt 1تىم. 4‏:7؛ 6‏:4، 20؛ 2تىم. 2‏:16؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. \x* \m \v 5 ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر.\x + \xo 1:5 \xt رىم. 13‏:8؛ گال. 5‏:14. \x* \v 6 بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. \v 7 ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. \m \v 8 ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر.\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر»\+bd* ــ «ئەينى مۇددىئاسىدا» گرېك تىلىدا «قانۇنلۇق يولدا قوللانسا».\f*  \x + \xo 1:8 \xt رىم. 7‏:12. \x* \v 9 چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، \x + \xo 1:9 \xt گال. 5‏:23. \x* \v 10 بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنى... ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن»\+bd* ــ «ساغلام تەلىم» ــ بۇ پاۋلۇسنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىبارىسى. خۇدادىن كەلگەن تەلىم ئۇنى قوبۇل قىلغانلاردا ساغلام روھىي ھاياتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ.\f* \v 11 بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.\f □ \fr 1:11 \ft \+bd «بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان»\+bd* ــ «بۇ تەلىملەر» («ساغلام تەلىم») تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى، ئۇنىڭ «ئۆز مۇددىئاسىدا قوللىنىدىغان» ياكى «قانۇنلۇق يولدا قوللىنىلىدىغان» مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (8-ئايەت).\f*  \x + \xo 1:11 \xt 1تېس. 2‏:4؛ 1تىم. 6‏:15. \x* \b \m \s1 پاۋلۇس ئۆزى خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىنى كۆرسەتكۈچى جانلىق مىسالدۇر \m \v 12 ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىگەن رەببىمىز مەسىھ ئەيساغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، \v 13 ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ...»\+bd* ــ «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى» ــ ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقى بىۋاسىتە خۇداغا قارىتىلغان ئەمەس (چۈنكى ئۇ «ئىخلاسمەن يەھۇدىي» ئىدى)، بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە قارىتىلغان. «زىيانكەشلىك قىلغۇچى» ــ مەسىھگە ئەگەشكەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى. \+bd «چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم»\+bd* ــ «ئېتىقادسىزلىق» خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھدە بولغان نىجات يولىغا بولغان ئېتىقادسىزلىقتۇر.\f*  \x + \xo 1:13 \xt يـۇھ. 9‏:39،41؛ روس. 3‏:17؛ 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13. \x* \v 14 ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى. \v 15‏-16 مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. \f □ \fr 1:15‏-16 \ft \+bd «مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر»\+bd* ــ بۇ زور ئەھمىيەتلىك ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:15‏-16 \xt مات. 9‏:13؛ مار. 2‏:17؛ لۇقا 5‏:32؛ 19‏:10؛ 1يۇھ. 3‏:5. \x* \v 17 ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!\f □ \fr 1:17 \ft \+bd «مەڭگۈلۈك پادىشاھ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بارلىق زامانلارنىڭ پادىشاھى». \+bd «بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ... شان-شەرەپ بولغاي!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «بىردىنبىر دانا خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ... شان-شەرەپ بولغاي!» دېيىلىدۇ.\f* \m \v 18‏-19 ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى. \f □ \fr 1:18‏-19 \ft \+bd «بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن»\+bd* ــ «گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن» ــ ئەت ئىگىلىرى بىلەن ئەمەس، ئەلۋەتتە، روھىي كۈرەشتۇر. كېيىنكى 12:6-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «گۈزەل كۈرەش»نى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:18‏-19 \xt 1تىم. 6‏:12؛ 1تىم. 3‏:9. \x* \v 20 خۇمېنېئۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم.\f □ \fr 1:20 \ft \+bd «ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم»\+bd* ــ «شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلۇش» بولسا، ئېتىقاد يولىدىن خېلىلا چەتنىگەن كىشىلەرنى ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇسۇن دەپ، جامائەت ئىشلەتسە بولىدىغان ئېغىر بىر تەدبىردۇر. ئۇنىڭدا شۇنداق كىشىلەر جامائەتتىكى باردى-كەلدىدىن چىقىرىلىپلا قالماي، بەلكىم كېسەل بولۇپ قېلىشى ياكى بالايىئاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇ ئىش توغرۇلۇق يەنە «1كور.» 5-باب، ئىزاھاتلىرى ۋە شۇ مەكتۇپتىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:20 \xt 1كور. 5‏:5؛ 2تىم. 2‏:17؛ 4‏:14. \x* \b \b \m \c 2 \s1 جامائەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى \m \v 1 مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، \add ئېتىقادچىلارغا\add* پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى، \v 2 بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز.\x + \xo 2:2 \xt يەر. 29‏:7. \x* \v 3 بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. \v 4 چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ.\x + \xo 2:4 \xt ئ‍ەز. 18‏:23؛ 2پېت. 3‏:9. \x* \v 5 چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر»\+bd* ــ ياكى «چۈنكى خۇدا بىردۇر» ــ «قان.» 4:6 («پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر») ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:5 \xt يـۇھ. 17‏:3؛ رىم. 3‏:30؛ گال. 3‏:19؛ ئىبر. 9‏:15. \x* \v 6 ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «ئۇ (مەسىھ) بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى»\+bd* ــ بۇ «ھۆر قىلىش» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن. \+bd «شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئۇلۇغ ئىشقا (يەنى مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى) بېكىتىلگەن ۋاقتى-سائىتىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى». لېكىن بىزنىڭچە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى شۇ «گۇۋاھلىق»تۇر ــ دېمەك، ئەيسانىڭ قۇربانلىقى خۇدانىڭ چەكسىز مۇھەببەت ۋە نىجاتلىق پىلانى توغرۇلۇق بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئاشكارىلاندى.\f*  \x + \xo 2:6 \xt مات. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14. \x* \v 7 مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم.\x + \xo 2:7 \xt روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 2تىم. 1‏:11. \x* \v 8 شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. \x + \xo 2:8 \xt زەب. 134‏:1-2؛ يـۇھ. 4‏:21. \x* \m \v 9 ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، \x + \xo 2:9 \xt تىت. 2‏:3؛ 1پېت. 3‏:3. \x* \v 10 بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. \v 11 \add جامائەت سورۇنلىرىدا\add*، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن»\+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئايال كىشىلەر خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئۆگەنمەسلىك كېرەك ئىدى، شۇڭا روسۇلنىڭ بۇ سۆزى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىدى.\f* \v 12 لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن»\+bd* ــ بۇ تەلىم توغرۇلۇق، شۇنداقلا ئاچا-سىڭىللارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتلار توغرۇلۇق «1كور.» 34:14-35 ۋە «كورىنتلىقلار (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:12 \xt يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:24. \x* \v 13 چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. \x + \xo 2:13 \xt يار. 1‏:27؛ 2‏:22. \x* \v 14 ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى \add ھاۋائانا\add* ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. \x + \xo 2:14 \xt يار. 3‏:6. \x* \v 15 لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ.\f □ \fr 2:15 \ft \+bd «لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، «ئاياللار خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن تۇغۇتى قىيىن ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ». \fp بۇ 14-15-ئايەتنى: «ئاياللار ئەرلەرگە تەلىم بېرىش، ئەرلەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشتە ئەمەس، بەلكى بالا تۇغۇش ۋە ئۇنى بېقىش جەريانىدا، ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىدىغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەن باشقا بىر مەنىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئايەتنىڭ: «بىراق ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن يەنە بىر چۈشەنچىسى ئەينى تېكىستكە ئانچە يېقىن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز.\f* \b \b \m \c 3 \s1 جامائەتنىڭ يېتەكچىلىرى \m \v 1 «ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. \f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ»\+bd* ــ «يېتەكچى»لەر توغرۇلۇق «فىلىپپىيىلىقلارغا»دىكى «قوشۇمچى سۆز»، «يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتكارلار» دېگەن سۆزلىرىمىزنى كۆرۈڭ. «ئاقساقال» ۋە «يېتەكچى» ئەمەلىيەتتە بىر گەپتۇر.\f* \v 2 ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى... (كېرەك)»\+bd* ــ «بىر خوتۇنلۇق»، بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:2 \xt 2تىم. 2‏:24؛ تىت. 1‏:6. \x* \v 3 شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى،\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «... شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى... (كېرەك)»\+bd* ــ «نەپسانىيەتچى» گرېك تىلىدا «ئۆزىنى بۇلغايدىغان نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەن» دېگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، پۇل ۋە مال-دۇنيانى قوغلىشىش ئىنساننى ھارام قىلىپ بۇلغايدۇ. بۇ تېما توغرىسىدا يەنە «لۇقا» 9:16-11 ۋە شۇ ئايەتلەردىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «لۇقا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى 16-باب توغرۇلۇق «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ.\f* \v 4 ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك»\+bd* ــ «تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن... تەربىيىلىيەلەيدىغان» دېگەنلىك ئىبارە تېرىكمەي بالىلىرىنى تەربىيىلەيدىغانلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا تولۇق ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك».\f* \v 5 چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ \v 6 \add يېتەكچى\add* يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «يېتەكچى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ»\+bd* ــ «شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىش» بەلكىم شەيتاننىڭ ئەسلىدىكى گۇناھى، يەنى تەكەببۇرلىشىپ كەتكىنىنى (شۇنداقلا خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئۇچرايدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ.\f* \v 7 ئۇ \add جامائەتنىڭ\add* سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «ئۇ جامائەتنىڭ سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ»\+bd* ــ «شەيتاننىڭ قىلتىقى» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ يېتەكچىلەردە ئەيىبلىنەرلىك يېرى بولسا (ھەتتا يوشۇرۇن بولسىمۇ) «سىرتتىكىلەر» ئۇنى ئەيىبلەيدىغان بولسا ئۇ بەلكىم ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ياكى ئىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇ دەرھال شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان «تەرىپلىنىشى» كېرەك، ئەلۋەتتە.\f* \b \m \s1 جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرى \m \v 8 خۇددى \add يېتەكچىلەرگە\add* ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى،\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «خۇددى (يېتەكچىلەرگە) ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان ... كىشىلەردىن بولۇشى... (كېرەك)»\+bd* ــ خىزمەتكارلار جامائەتنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل ئەمەلىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىلەردۇر. يەنە «فىلىپپىيىلىقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى «يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتكارلار» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ. \+bd «نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى ... (كېرەك)»\+bd* ــ «نەپسانىيەتچى» ــ 3-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:8 \xt روس. 6‏:3. \x* \v 9 پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم. \f □ \fr 3:9 \ft \+bd «پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم»\+bd* ــ «ئېتىقانىڭ سىرى»: ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىنجىلدىكى «سىرلار» بولسا خۇدا ئەسلىدە يوشۇرۇپ كەلگەن، ئىنجىل دەۋرىدە ئۆز جامائىتىگە ئاشكارىلىغان چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆزلەر»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt 1تىم. 1‏:19. \x* \v 10 بۇنداق ئادەملەرنىمۇ ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىب تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىگە قويۇشقا بولىدۇ. \v 11 شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، ... ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم»\+bd* ــ «خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ» ياكى «ئايال خىزمەتكارلىرىمۇ...». «رىم.» 1:16نى كۆرۈڭ.\f* \v 12 خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن»\+bd* ــ «بىر خوتۇنلۇق» دېگەنلىك (ياكى «بىر ئايالنىڭلا ئېرى») بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 13 خىزمەتكارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇنغانلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ.\f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ»\+bd* ــ «روس.» 6-8-بابتا بايان قىلىنغان «خىزمەتكار» بولغان ئىستىفان ۋە فىلىپ بۇنىڭغا ئىككى ئوبدان مىسالدۇر.\f*  \x + \xo 3:13 \xt مات. 25‏:21. \x* \b \m \s1 مەسىھ بولغان سىر \m \v 14 مەن گەرچە پات ئارىدا يېنىڭغا يېتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم؛ \s1 مەسىھ بولغان سىر \m \v 15 مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئائىلىسى»: ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىبرانىي تىلىدا ۋە گرېك تىلىدا (ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش) «ئۆي» ۋە «ئائىلە» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇدانىڭ «ئۆيى» ئۇنىڭ ئائىلىسى، يەنى ئۇنىڭ «تىرىك ئىبادەتخانىسى»، «تىرىك ئۆيى»دۇر. «1پېت.» 4:2-8نىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 16 ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ــ \b \m «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، \m روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، \m پەرىشتىلەرگە ئۇ كۆرۈندى، \m ئۇنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى، \m جاھاندا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈلدى، \m ئۇ شان-شەرەپ ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى».\f □ \fr 3:16 \ft \+bd «ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر»\+bd* ــ «ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى»نىڭ ئۈچ مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدە ئىخلاسمەنلىكنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈشى، بىز ئىنسانلارغا «ئىخلاسمەنلىك»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلدى؛ (2) «ئىخلاسمەنلىكنى (ئىنسانلارغا) ئېلىپ كېلىدىغان سىر»؛ (3) «ئىخلاسمەنلەرگە (خۇدانىڭ مۆمىن بەمدىلىرىگە) تاپشۇرۇلغان سىر» ــ دېمەك، بىزنىڭ ئېتىقادىمىز. بىزنىڭچە پاۋلۇسنىڭ كۆرسەتكەنلىرى يۇقىرىقى 1- ۋە 2-مەنىدە. شۈبھىسىزكى، بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر. \fp \+bd «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى»\+bd* ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە «خۇدا ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى» دېيىلىدۇ. \+bd «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى...»\+bd* ــ «روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى.\f*  \x + \xo 3:16 \xt مار. 16‏:19؛ لۇقا 9‏:51؛ يـۇھ. 1‏:14؛ روس. 1‏:2؛ ئ‍ەف. 3‏:5، 6. \x* \b \b \m \c 4 \m \v 1 ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى،... »\+bd* ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى. \+bd «ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ»\+bd* ــ «ئالدامچى روھلار» ۋە «جىنلار» بىر گەپتۇر.\f*  \x + \xo 4:1 \xt مات. 24‏:23؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 2تىم. 3‏:1؛ 2پېت. 3‏:3؛ يەھ. 18. \x* \v 2 بۇنداق \add تەلىم بەرگۈچىلەر\add* ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «... خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان»\+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى: «شەيتان ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىنى «مېنىڭكى» دەپ داغماللاپ قويغان» دېگەندەك چۈشىنىدۇ.\f* \v 3 ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما \add ئۇلار مەنئى قىلىدىغان\add* يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار مەنئى قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى»\+bd* ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 4:3 \xt يار. 1‏:29؛ 9‏:3؛ رىم. 14‏:6؛ 1كور. 10‏:30. \x* \v 4 چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆز پەقەت بارلىق يېمەكلىكلەرنى ئەمەس، يەنە ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نىكاھدا بولغان ئەر-ئاياللىق جىنىسىي مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 4:4 \xt يار. 1‏:31؛ روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:14. \x* \v 5 چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى» دېگەن ئالاھىدە سۆز بولۇپ «شۇ دۇئالار خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقە-مۇناسىۋەتتە بولىدۇ» دېگەن مەنىنى پۇرىتىپ بېرىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى \m \v 6 بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ.\x + \xo 4:6 \xt 2تىم. 1‏:5؛ 3‏:14،15. \x* \v 7 ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن.\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «... ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن»\+bd* ــ «چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن» دېگىنى گرېك تىلىدا «گىمناستىكا» («تەن ھەرىكىتى») بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز.\f*  \x + \xo 4:7 \xt 1تىم. 1‏:4؛ 6‏:20؛ 2تىم. 2‏:16؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. \x* \v 8 چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ»\x + \xo 4:8 \xt كول. 2‏:23. \x* \v 9 ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. \v 10 ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.\f □ \fr 4:10 \ft \+bd «ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز»\+bd* ــ «خار قىلىنىۋاتىمىز» بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېيىلىدۇ. \+bd «چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق»\+bd* ــ «پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دېگەن ئىبارىدە «ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دېگەنلىك بەلكىم «ھەر ئادەمنى ساقلىغۇچى» دېگەن ئومومىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.\f* \m \v 11 بۇ ئىشلارنى \add جامائەتكە\add* توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. \v 12 ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول. \f □ \fr 4:12 \ft \+bd «ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما»\+bd* ــ تىموتىي بەلكىم ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرگەن. لېكىن گرېك مەدەنىيىتىدە قىرىق ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىلار تېخى «ياش» «يىگىت» دەپ ھېسابلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 4:12 \xt تىت. 2‏:7،15؛ 1پېت. 5‏:3. \x* \v 13 مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە \add مۇقەددەس يازمىلارنى\add* ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن.\f □ \fr 4:13 \ft \+bd «ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن»\+bd* ــ «مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش» توغرۇلۇق: ــ شۇ ۋاقىتلاردا ئاز سانلىق كىشىلەر ئوقۇيالايتتى ۋە تېخىمۇ ئاز كىشىلەر مۇقەددەس كىتابتىكى بىرەر قىسىملارغا ئىگە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى.\f* \v 14 \add جامائىتىڭنىڭ\add* ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، \add خۇدانىڭ\add* ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd «جامائىتىڭنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما»\+bd* ــ جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادچىنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندە، قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشى ئىنجىلدىكى باشقا يەرلەردىمۇ كۆرۈنىدۇ. \fp «ئىلتىپات» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مەلۇم بىر ئالاھىدە قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قابىلىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى توغرۇلۇق «1كور.» 12-، 14-بابنى كۆرۈڭ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تىموتىيغا تاپشۇرۇلغان ئىلتىپات توغرۇلۇق سۆزلەيمىز.\f*  \x + \xo 4:14 \xt روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 5‏:22؛ 2تىم. 1‏:6. \x* \v 15 بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ. \v 16 ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن. \b \b \m \c 5 \s1 جامائەتتىكى بەزى ئەمەلىي ئىشلار \m \v 1 ياشانغان ئەرلەرنى ئەيىبلىگەندە قاتتىق سۆزلىمىگىن، بەلكى ئۇلارغا ئاتاڭ سۈپىتىدە نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، يىگىتلەرگە قېرىنداشلىرىڭ سۈپىتىدە سۆزلىگىن.\x + \xo 5:1 \xt لاۋ. 19‏:32. \x* \v 2 ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭ سۈپىتىدە، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭ سۈپىتىدە ھەر ئىشتا پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. \v 3 ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال»\+bd* ــ «ھەقىقىي تۇل ئاياللار» مۇشۇ يەردە ئېرىدىن جۇدا بولغان، قىيىنچلىقتا تۇرغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. «ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 4 لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.\x + \xo 5:4 \xt يار. 45‏:10،11؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:1،2. \x* \v 5 ئەمدى ھەقىقىي تۇل ئۆتۈۋاتقان، يالغۇز قالغان ئاياللار بولسا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ.\x + \xo 5:5 \xt لۇقا 2‏:36؛ 1كور. 7‏:32. \x* \v 6 لېكىن ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن تۇل خوتۇن ھايات بولسىمۇ، ئۆلگەنگە باراۋەردۇر. \v 7 ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى جېكىلەپ تاپىلىغىن. \v 8 لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ.\x + \xo 5:8 \xt گال. 6‏:10. \x* \b \m \v 9 تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك، \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك...»\+bd* ــ «تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا» دېگەندىكى «تىزىم» بەلكىم جامائەت ئىچىدىكى ئالاھىدە ياردەم ئالغۇچى تۇل ئاياللارنىڭ تىزىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بەلكىم ئالاھىدە دۇئا ۋە باشقا ھاجەتمەنلەرنى يوقلاش خىزمەتلىرى بار ئىدى؛ يەنە كېلىپ ئۇلار قايتىدىن توي قىلماسلىققا ۋەدە قىلىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن (12-ئايەتنى كۆرۈڭ). \fp «بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك» دېگەننىڭ «بىرلا ئەرلىك بولغان بولۇشى كېرەك» ياكى «ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى كېرەك» دېگەن باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى بار.\f* \v 10 يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك. \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، ... مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان... ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك»\+bd* ــ «مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇغان»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «پۇت يۇيۇش» ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆرپ-ئادەتلەردىن ئىدى، سەپەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈشنى بىلدۈرەتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بەلكىم باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە كەمتەرلىك بىلەن بولۇشنىڭ ياخشى بەلگىسى ئىدى («يۇھ.» 1:13-17نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 5:10 \xt يار. 18‏:4؛ 19‏:2؛ لۇقا 7‏:38،44؛ 1پېت. 4‏:9. \x* \v 11 لېكىن ياش تۇل ئاياللارنى \add تىزىملىككە\add* كىرگۈزمە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشق ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ مەسىھدىن تېنىپ، قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ \v 12 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ. \f □ \fr 5:12 \ft \+bd «... ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ»\+bd* ــ «دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسى» بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ «ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن، قايتا توي قىلمايمەن» دېگەندەك بىر ۋەدىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 9-ئايەتنى يەنە كۆرۈڭ.\f* \v 13 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. \f □ \fr 5:13 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن»\+bd* ــ دېمەك، ئەگەر ئۇنداق مايىللىقى بولغان تۇل ئاياللارغا جامائەت تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلگەن بولسا («تىزىملانسا»)، ئۇلار تېخىمۇ شۇنداق يولدا مېڭىپ كېتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 5:13 \xt تىت. 2‏:3. \x* \v 14 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ. \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ»\+bd* ــ «بىزگە قارشى تۇرغۇچى» شەيتاننىڭ ئۆزىنى ياكى يەر يۈزىدە ئىنجىلغا قارشى چىققانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:14 \xt 1كور. 7‏:9. \x* \v 15 چۈنكى شۇنداق بەزى تۇل ئاياللار ئاللىقاچان ئېتىقادتىن تېنىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. \v 16 ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۆزى ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكى جامائەتكە چۈشمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.\f □ \fr 5:16 \ft \+bd «ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشى...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «ئېتىقادچى ئايال كىشى...» دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئاقساقاللار توغرىسىدا \m \v 17 جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن. \f □ \fr 5:17 \ft \+bd «جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن»\+bd* ــ ئىنجىلدا «ئاقساقاللار» دېگەننىڭ باشقا خىل ئىپادىسى «يېتەكچىلەر». «فىلىپپىلىقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»، شۇنداقا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. \fp «ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن» ــ دېمەك، ھەم جامائەتنىڭ چوڭقۇر ئىززىتىگە ۋە لايىق بولغان ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇيەسسەر بولسۇن (چۈنكى تەلىم بېرىشتە ۋە جامائەتتىن خەۋەر ئېلىشتا ئەستايىدىل بولۇش دائىم كۆپ ۋاقىتلىرى سەرپ قىلىنىدۇ).\f*  \x + \xo 5:17 \xt رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11؛ گال. 6‏:6؛ فىل. 2‏:29؛ 1تېس. 5‏:12؛ ئىبر. 13‏:17. \x* \v 18 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ... «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر»...\+bd* ــ تەۋرات، «قان.» 4:25 ۋە ئىنجىل، «لۇقا» 7:10.\f*  \x + \xo 5:18 \xt لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ مات. 10‏:10؛ لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 9‏:9. \x* \m \v 19 ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. \f □ \fr 5:19 \ft \+bd «ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، جامائەتنىڭ بىر ئاقساقالى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما»\+bd* ــ تەۋرات، «قان.» 6:17، 5:19نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:19 \xt قان. 19‏:15. \x* \v 20 ئەگەر \add ئاقساقاللاردىن\add* بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن.\f □ \fr 5:20 \ft \+bd «ئەگەر ئاقساقاللاردىن بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن»\+bd* ــ «باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن...»: ــ دېمەك، قالغان ئاقساقاللار ئىبرەت ئالسۇن.\f* \m \v 21 خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن.\x + \xo 5:21 \xt قان. 17‏:4؛ 19‏:18؛ رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 5‏:27؛ 1تىم. 6‏:13. \x* \m \v 22 بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن \f □ \fr 5:22 \ft \+bd «بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە»\+bd* ــ «بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇش» دېگەن ھەرىكەت، بىرسىنى جامائەتكە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش، كېسەل ئادەمنى ساقايتىش ياكى باشقا ئالاھىدە بىر دۇئا قىلىش ئۈچۈن «مەن خۇدا ئالدىدا بۇ ئادەم بىلەن بىر بولىمەن» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. \+bd «باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما»\+bd* ــ بۇ سۆز ئالدىنقى: «بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە» دېگەن سۆزگە باغلىق. چۈنكى ئۇنداق ھەرىكەت قول قويغۇچى كىشى دۇئا قىلىنغان كىشى ئۈچۈن: «ئى خۇدا، مەن بۇ كىشى بىلەن مەسئۇلىيەتتە بىر بولاي» دېگەن دۇئانى بىلدۈرىدۇ. ئەمما «باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما» دېگەننىڭ باشقا تەرەپلىرى بار، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:22 \xt روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 4‏:14؛ 2تىم. 1‏:6. \x* \v 23 (ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن). \f □ \fr 5:23 \ft \+bd «ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن»\+bd* ــ پاۋلۇس بۇ سۆزىنى بەلكىم يۇقىرىقى «ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن» دېگەنلىكىدە ھاجىتى بولمىغان پەرھىزلەر بولمىسۇن دەپ تىموتىينىڭ كېسىلىنى كۆزلەپ ئېيتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:23 \xt زەب. 104‏:15\x* \v 24 بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ. \f □ \fr 5:24 \ft \+bd «بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: «بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چوقۇم سوراققا تارتىلىشى ئېنىق. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بولسا پەقەت كېيىن، سوراقتىلا ئاشكارا بولىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن تىموتىي باشقىلارغا «قول قويۇش»تا دائىم پەخەس بولۇپ، ئەتراپلىق ئويلىشى كېرەك.\f*  \x + \xo 5:24 \xt گال. 5‏:19. \x* \v 25 خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ھازىر ئاشكارا بولمىسا كېيىن ئاشكارىلانماي قالمايدۇ.\f □ \fr 5:25 \ft \+bd «بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرى سوراقتىن ئاۋۋال كۆرۈنەرلىك بولىدۇ».\f* \b \b \m \c 6 \m \v 1 قۇللۇق بويۇنتۇرۇق ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەر تەرەپتە ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ تەلىمىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.\x + \xo 6:1 \xt ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ تىت.2‏:9؛ 1پېت.2‏:18. \x* \v 2 خوجايىنلىرى ئېتىقادچى بولسا، قۇللىرى: «بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دەل سادىق ئېتىقادچىلار ھەم سۆيۈملۈك بەندىلەردۇر. سەن بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە جېكىلىگىن. \b \m \s1 يالغان تەلىم ۋە پۇلپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى \m \v 3 ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا، \v 4 ئۇنداقلار دەۋەقە كۆرەڭلەپ كەتكەن، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇلار نىزا-مۇنازىرە پەيدا قىلىشقا ۋە گەپ تالىشىشقا ھېرىسمەن؛ بۇنداق ئىشلاردىن ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، رەزىل گۇمانخورلۇق ھاسىل بولىدۇ،\x + \xo 6:4 \xt 1تىم. 1‏:4؛ 2تىم. 2‏:23؛ تىت. 3‏:9. \x* \v 5 ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ.\x + \xo 6:5 \xt 1كور. 11‏:16. \x* \m \v 6 دەرۋەقە، \add خۇداغا\add* ئىخلاسمەن ۋە رازىمەن بولۇش غايەت زور پايدىدۇر.\x + \xo 6:6 \xt پەند. 15‏:16؛ ئىبر. 13‏:5. \x* \v 7 چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز.\x + \xo 6:7 \xt ئايۇپ 1‏:21؛ 27‏:19؛ زەب. 49‏:17 \x* \v 8 شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىك يېتەرلىك بولسىلا بۇلاردىن قانائەت قىلىمىز.\x + \xo 6:8 \xt زەب. 55‏:23؛ پەند. 27‏:26؛ مات. 6‏:25؛ 1پېت. 5‏:7. \x* \v 9 لېكىن باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراپ، تۇزاققا ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا ۋە ھالاكەتكە چۆكتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەخمىقانە ھەم زىيانلىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىلكىگە تېيىلىپ كېتىدۇ. \x + \xo 6:9 \xt پەند. 11‏:28؛ مات. 13‏:22؛ ياق. 5‏:1. \x* \v 10 چۈنكى پۇلپەرەسلىك ھەرخىل رەزىللىكلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر بۇنىڭغا ئىنتىلىشى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنى نۇرغۇن دەرد-قايغۇلار بىلەن سانجىدى.\x + \xo 6:10 \xt مىس. 23‏:8؛ قان. 16‏:19؛ پەند. 15‏:16. \x* \b \m \s1 تىموتىيغا نەسىھەت \m \v 11 ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا. \x + \xo 6:11 \xt 2تىم. 2‏:22. \x* \v 12 ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل. مەڭگۈلۈك ھاياتنى چىڭ تۇتقىن. سەن دەل بۇنىڭغا چاقىرىلدىڭ ھەمدە ئۇنىڭ يولىدا نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ئېتىقادنىڭ گۈزەل شاھىتلىقىنى قىلدىڭ.\f □ \fr 6:12 \ft \+bd «ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ۋە ئايەتنىڭ قالغان قىسمى («گۈزەل شاھىتلىق») توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:12 \xt 1تىم. 1‏:18. \x* \b \m \v 13 ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى،\f □ \fr 6:13 \ft \+bd «ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسا...»\+bd* ــ «گۈزەل شاھىدلىق» دېگەن سۆز توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 6:13 \xt قان. 32‏:39؛ 1سام. 2‏:6؛ مات. 27‏:11؛ يـۇھ. 18‏:37؛ 1تىم. 5‏:21. \x* \v 14 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، \add خۇدانىڭ\add* بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن. \f □ \fr 6:14 \ft \+bd «بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن»\+bd* ــ «بۇ ئەمر» بولسا تىموتىيغا تاپشۇرۇلغان تولۇق ۋەزىپىنى كۆرسىتىدۇ (3:3-20، 2:6-5).\f* \v 15‏-16 ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن!\x + \xo 6:15‏-16 \xt 1تىم. 1‏:17؛ ۋەھ. 17‏:14؛ 19‏:16؛ مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ 1يۇھ. 4‏:12. \x* \m \v 17 بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛\f □ \fr 6:17 \ft \+bd «بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇدا...»\+bd* ــ «سېخىيلىق بىلەن» گرېك تىلىدا «زور بايلىقلىرىدىن بەرگەندەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 18 ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا \add ھەقىقىي\add* باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن. \v 19 ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، ھەقىقىي ھاياتنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا بىر ئاساس-ئۇل بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ.\x + \xo 6:19 \xt مات. 6‏:20؛ لۇقا 12‏:33؛ 16‏:9. \x* \m \v 20 ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان \add ھەقىقەتلەرنى\add* قوغدا. ئۆزۈڭنى ئىخلاسسىز، قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە ئاتالمىش ئىلىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن نېرى تۇتقىن. \x + \xo 6:20 \xt 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 2تىم. 2‏:16؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. \x* \v 21 بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە \add ئىلىمگە\add* ئېگىمەن دەپ جاكارلاپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. \m مېھىر-شەپقەت سىلەرگە يار بولغاي!\f □ \fr 6:21 \ft \+bd «مېھىر-شەپقەت سىلەرگە يار بولغاي!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «مېھىر-شەپقەت ساڭا يار بولغاي!» دېيىلىدۇ.\f*