\id 1TH \h تېسالونىكالىقلارغا «1» \toc1 تېسالونىكالىقلارغا «1» \toc2 تېسالونىكالىقلارغا «1» \toc3 1تېس. \mt1 تېسالونىكالىقلارغا «1» \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان بىرىنچى مەكتۇپ •••• پاۋلۇسنىڭ سالاملىرى، تەشەككۈر ئېتىشلىرى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلىرى \m \v 1 مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. \m سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام»\+bd* ــ «تېسالونىكا» دېگەن شەھەر ھازىرقى گرېتسىيە (ماكېدونىيە) ھازىرقى ئىسمى «سالونىكا». كونا زاماندا «تېسالونىكا» دەپ ئاتالغان.\f*  \x + \xo 1:1 \xt رىم. 1‏:7؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 2 بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛\x + \xo 1:2 \xt ئ‍ەف. 1‏:16؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 2تېـس. 1‏:3. \x* \v 3 خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلار...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمىلىڭ...».\f*  \x + \xo 1:3 \xt يـۇھ. 6‏:29\x* \v 4 چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان. \v 5 چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر.\x + \xo 1:5 \xt 1كور. 2‏:4؛ 4‏:20؛ 1تېس. 2‏:1. \x* \m \v 6 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار،\x + \xo 1:6 \xt 1كور. 4‏:16؛ 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 2تېـس. 3‏:9. \x* \v 7 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛ \v 8 چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ \add شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق\add* ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. \f □ \fr 1:8 \ft \+bd «چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. »\+bd* ــ دېمەك، پاۋلۇس ۋە خىزمەتداشلىرى قايسى يەرلەرگە بارمىسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئاللىقاچان تېسالونىكادىكىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىدىن خەۋەر تاپقان، شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ خۇش خەۋەردىن خەۋەردار بولغان.\f* \v 9‏-10 چۈنكى \add بىز بارغانلىكى جايدىكى\add* كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ.\f □ \fr 1:9‏-10 \ft \+bd «چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى... بايان قىلىشىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرىشىمىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى... بايان قىلىشىدۇ».\f*  \x + \xo 1:9‏-10 \xt روس. 1‏:11؛ فىل. 3‏:20؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. \x* \b \b \m \c 2 \s1 پاۋلۇسنىڭ تېسالونىكادىكى خىزمىتى \m \v 1 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاراڭلارغا كىرگىنىمىز توغرۇلۇق بىلىسىلەركى، ئۇ بىكارغا كەتمىدى.\x + \xo 2:1 \xt 1تېس. 1‏:5، 9. \x* \v 2 سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ... يۈرەكلىك بولدۇق»\+bd* ــ «خۇدانىڭ خۇش خەۋىرى» بولسا خۇدا ئۆزى ئەۋەتكەن، شۇنداقلا ئۆزى توغرۇلۇق خۇش خەۋەردۇر.\f*  \x + \xo 2:2 \xt روس. 16‏:22؛ 17‏:2. \x* \v 3 چۈنكى بىزنىڭ ئۆتۈنۈش-جېكىلەشلىرىمىزدە ھېچقانداق ئالدامچىلىق، ناپاك نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك يوقتۇر. \v 4 ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن \add خۇش خەۋەرنى\add* جاكارلايمىز.\x + \xo 2:4 \xt گال. 1‏:10. \x* \v 5 چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ \x + \xo 2:5 \xt رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. \x* \v 6 گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق.\x + \xo 2:6 \xt 1كور. 9‏:3؛ 2تېـس. 3‏:9. \x* \v 7 ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق. \v 8 شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار. \v 9 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. \x + \xo 2:9 \xt روس. 18‏:3؛ 20‏:34؛ 1كور. 4‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13؛ 2تېـس. 3‏:8. \x* \v 10 ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىيەتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىخلاسمەن، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ۋە خۇدانىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھچىدۇر. \v 11‏-12 ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق.\x + \xo 2:11‏-12 \xt يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ ئەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10. \x* \m \v 13 خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ \add سۆز-كالام\add* ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە. \v 14 چۈنكى سىلەر، ئى قېرىنداشلار، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى مەسىھ ئەيسادا بولغان جامائەتلەردىن ئۈلگە ئالدىڭلار؛ ئۇلار \add شۇ يەردە\add* يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانداق خارلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن ئوخشاش خارلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار. \x + \xo 2:14 \xt روس. 17‏:5،13. \x* \v 15 ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ، \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن...»\+bd* ــ «يەھۇدىي پەيغەمبەرلەرنى... ئۆلتۈرگەن» ــ تەۋراتتىكى كۆپ پەيغەمبەرلەر يۇرتداشلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن؛ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلتۈرۈلگىنى بولسا رەب ئەيسانى تونۇشتۇرغۇچى پەيغەمبەر يەھيا ئىدى. \+bd «...ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى»\+bd* ــ «قوغلىۋەتكەنىدى» ــ يەھۇدىيلار كۆپ ئىشەنگۈچىلەرنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قوغلىۋەتتى («روس.» 1:8)؛ ئاندىن شۇنىڭدىن باشلاپ پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللارنى خۇش خەۋەرنى جاكارلايدىغان جايلاردىنمۇ ھەيدىۋەتتى.\f*  \x + \xo 2:15 \xt مات. 23‏:37؛ لۇقا 13‏:34؛ روس. 7‏:52. \x* \v 16 «يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.\x + \xo 2:16 \xt روس. 17‏:13. \x* \b \m \s1 پاۋلۇسنىڭ ئەنسىرەشلىرى \m \v 17 لېكىن بىز، ئى قېرىنداشلار، ئامالسىز سىلەردىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت جۇدالاشقان بولساقمۇ (تەندە بولسىمۇ، قەلبدە ئەمەس)، سىلەر بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە قەۋەتلا ئىنتىزارلىقىمىزدىن يېنىڭلارغا بېرىشقا تېخىمۇ بەك ئىنتىلدۇق! \v 18 شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم؛ بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسقۇنلۇق قىلدى. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم»\+bd* ــ «قايتا-قايتا» گرېك تىلىدا «بىر قېتىم، ئىككى قېتىم».\f*  \x + \xo 2:18 \xt رىم. 1‏:13؛ 15‏:22. \x* \v 19 چۈنكى بىزنىڭ ئىستەك-ئارزۇيىمىز، شادلىقىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ دەل سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 2:19 \xt 2كور. 1‏:14؛ فىل. 2‏:16؛ 4‏:1. \x* \v 20 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، بىزنىڭ شادلىقىمىز! \b \b \m \c 3 \m \v 1 شۇنىڭ بىلەن بىز \add سىلەردىن خەۋەرسىز\add* تاقىتىمىز تاق بولۇپ، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، \v 2 ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛\x + \xo 3:2 \xt روس. 16‏:1؛ رىم. 16‏:21؛ فىل. 2‏:19. \x* \v 3 \add بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى\add* مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن \add ئېتىقادتا\add* تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر.\x + \xo 3:3 \xt روس. 14‏:22؛ ئ‍ەف. 3‏:13؛ فىل. 1‏:14؛ 2تىم. 3‏:12. \x* \v 4 چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر. \v 5 شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ،...»\+bd* ــ «ئازدۇرغۇچى» شەيتان، ئىبلىس.\f* \m \v 6 لېكىن تىموتىي بايا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەندە، ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، سىلەرنىڭ بىزنى ھەردائىم سېغىنىپ تۇرغانلىقىڭلارنى ۋە خۇددى بىز سىلەر بىلەن دىدارلىشىشقا تەلپۈنگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. \v 7 شۇنىڭدەك، ئەي قېرىنداشلار، بېشىمىزغا چۈشكەن مۇشۇنداق بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىمىزدا سىلەردىن، يەنى چىڭ ئېتىقادىڭلاردىن رىغبەت-تەسەللى تاپتۇق؛ \v 8 چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز \add ئۆلمەي\add*، ھايات قالىمىز!\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز ئۆلمەي، ھايات قالىمىز!»\+bd* ــ پاۋلۇس تېسالونىكادىكىلەرنى شۇنچە ياخشى كۆرەتتىكى، مۇبادا ئۇلار رەبدىن تېنىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆلەي دەپ قالاتتى.\f* \v 9 ئەمدى سىلەر ئۈچۈن، خۇدايىمىز ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەجىڭلاردىن تولىمۇ شادلاندۇق، بۇ زور شادلىقىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن خۇداغا قانچىلىك دەرىجىدە تەشەككۈر ئېيتساق بولار؟! \v 10 سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خۇداغا زور تەلمۈرۈپ يېلىنماقتىمىز.\x + \xo 3:10 \xt رىم. 1‏:10،11؛ 15‏:23؛ 2تىم. 1‏:4. \x* \m \v 11 ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛ \f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي»\+bd* ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، «يولىمىزنى... باشلىغاي» دېگەن پېئىل گرېك تىلىدىكى «بىرلىك شەخس» شەكلىدىدۇر. دېمەك، خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا بىر شەخسدەك ئىش قىلىدۇ.\f* \v 12 ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛ \v 13 ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ!\x + \xo 3:13 \xt 1كور. 1‏:8؛ 1تېس. 5‏:23؛ 2تېـس. 2‏:17. \x* \b \b \m \c 4 \s1 خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات يولى \m \v 1 ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز رەب ئەيسادا تۇرۇپ سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىز ھەم جېكىلەيمىزكى، سىلەر بىزدىن خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قانداق مېڭىشىڭلار كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلاردەك ھەم ھازىر شۇ بويىچە مېڭىۋاتقىنىڭلاردەك، شۇنداق قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئېشىپ تاشقاي.\x + \xo 4:1 \xt فىل. 1‏:27؛ 1تېس. 2‏:12. \x* \v 2 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەب ئەيسا ئارقىلىق سىلەرگە نېمە ئەمرلەرنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. \v 3 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش، \x + \xo 4:3 \xt رىم. 12‏:2؛ ئ‍ەف. 5‏:27؛ فىل. 4‏:8. \x* \v 4‏-5 يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر.\f □ \fr 4:4‏-5 \ft \+bd «.... بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆز تېنى» «ئۆز چىنىسى» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا جۈملىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى «خۇدانىڭ ئىرادىسى... ئۆز جورا-ھەمراھىنى تېپىپ، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ئار-نومۇسلۇقتا ھايات ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر» ياكى «ئۆز پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ئار-نومۇسلۇقىڭلارنى ساقلاپ، ئۆز جورا-ھەمراھىڭلار بىلەن ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر» دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چوڭ ئىمكانىيەت باركى، روسۇل تەرجىمىمىزدىكىدەك شۇنداقلا بۇ ئىككى مەنىنىمۇ بىلدۈرمەكچى بولغان. خۇدانىڭ بېكىتكىنى بىلەن نىكاھلانغان ئەر-ئايال بەرىبىر «بىر تەن»دۇر.\f*  \x + \xo 4:4‏-5 \xt 1كور. 15‏:34؛ ئ‍ەف. 4‏:18. \x* \v 6 بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. \v 7 چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاكلىققا ئەمەس، بەلكى پاك-مۇقەددەسلىكتە ياشاشقا چاقىردى.\x + \xo 4:7 \xt يـۇھ. 17‏:19؛ 1كور. 1‏:2. \x* \v 8 شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ \add ھەقىقەتنى\add* رەت قىلغان ئادەم، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئاتا قىلغۇچى خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.\x + \xo 4:8 \xt لۇقا 10‏:16؛ 1كور. 7‏:40. \x* \m \v 9 ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە. \x + \xo 4:9 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. \x* \v 10 چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى، \v 11 شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، \add باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا\add* \add ئارىلاشماي\add*، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. \x + \xo 4:11 \xt روس. 20‏:34؛ ئ‍ەف. 4‏:28؛ 2تېـس. 3‏:7،12. \x* \v 12 مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر.\f □ \fr 4:12 \ft \+bd «مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر»\+bd* ــ «سىرتتىكىلەر» ئېتىقادسىزلار، جامائەتتىن سىرتتا تۇرغانلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \b \m \s1 ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى \m \v 13 لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، \add ئاراڭلاردىكى\add* \add ئۆلۈمدە\add* ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «(سىلەرنىڭ) ... ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز»\+bd* ــ «سىلەرنىڭ... خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز» دېگەن بۇ ئىبارە ئادەتتە رىم ئىمپېراتورى يارلىق چۈشۈرگەندە ئىشلىتىدىغان ئىبارە ئىدى. روسۇل ئەمدى كېيىنكى گېپىنى «ئالەم ئىمپېراتورى ئەيسا مەسىھ»دىن كەلگەن دەپ پۇراتماقچى ئوخشايدۇ.\f*  \x + \xo 4:13 \xt لاۋ. 19‏:28؛ قان. 14‏:1؛ 2سام. 12‏:20-23. \x* \v 14 چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، \add ئەيسا قايتا كەلگىنىدە\add*، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. \v 15 چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛ \f □ \fr 4:15 \ft \+bd «رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ»\+bd* ــ «چىقىشىمىز» دېگەن سۆز «ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىمىز»نى كۆتۈرىدۇ. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 4:15 \xt 1كور. 15‏:22،51. \x* \v 16 چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ \x + \xo 4:16 \xt مات. 24‏:31؛ 1كور. 15‏:52؛ 2تېـس. 1‏:7. \x* \v 17 ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. \f □ \fr 4:17 \ft \+bd «ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز»\+bd* ــ بۇ ۋەقەلەر توغرۇلۇق «كولوسسىلىكلەرگە»دىكى (3:3 توغرۇلۇق) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 18 شۇڭا، بىر-بىرىڭلارغا بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىڭلار. \b \b \m \c 5 \s1 رەبنىڭ كۈنىنى كۈتۈۋېلىش \m \v 1 لېكىن ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە زامانلىرى توغرىسىدا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. \v 2 چۈنكى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، رەبنىڭ كۈنى خۇددى كېچىدە كىرگەن ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش \add تۇيۇقسىز\add* كېلىدۇ.\x + \xo 5:2 \xt مات. 24‏:43؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. \x* \v 3 ئەمدى كىشىلەر «\add دۇنيا\add* تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.\x + \xo 5:3 \xt 2تېـس. 1‏:9. \x* \v 4 لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلار ئەمەسسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىدەك چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ.\x + \xo 5:4 \xt ئ‍ەف. 5‏:8. \x* \v 5 چۈنكى سىلەر ھەممىڭلار يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرى، كۈندۈزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ بىز كېچىگە تەۋە ياكى قاراڭغۇلۇققا مەنسۇپ ئەمەسمىز. \x + \xo 5:5 \xt لۇقا 16‏:8؛ رىم. 13‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:8. \x* \m \v 6 شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممىسىدەك ئۇخلىمايلى، بەلكى سەگەك ۋە سالماق بولايلى.\x + \xo 5:6 \xt لۇقا 21‏:36؛ رىم. 13‏:11،13؛ 1كور. 15‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:14. \x* \v 7 چۈنكى ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ. \v 8 بىراق ئۆزىمىز كۈندۈزگە مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى؛\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «... سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى»\+bd* ــ «يەش.» 17:59نى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا: «مەيدىمىزگە ئېتىقاد ۋە مۇھەببەتنىڭ ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا نىجاتنىڭ ئۈمىدىنى دۇبۇلغىسىنى كىيىۋالايلى».\f*  \x + \xo 5:8 \xt يەش. 59‏:17؛ ئ‍ەف. 6‏:14. \x* \v 9 چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن. \v 10 ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى ــ مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى \add ئۆلۈمدە\add* ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 5:10 \ft \+bd «بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈن»\+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىدە تىرىلىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن.\f*  \x + \xo 5:10 \xt رىم. 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ 1پېت. 4‏:2. \x* \m \v 11 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ \add ئېتىقادىنى\add* قۇرۇڭلار. \b \m \s1 ئاخىرقى تەلىم ۋە سالاملار \m \v 12 ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. \x + \xo 5:12 \xt رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11؛ 16‏:18؛ گال. 6‏:6؛ فىل. 2‏:29؛ 1تىم. 5‏:17؛ ئىبر. 13‏:7،17. \x* \v 13 بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. \f □ \fr 5:13 \ft \+bd «... بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار»\+bd* ــ مۇشۇنداق ئېتىقادچىلار جامائەتتە مەيدانغا كەلسە، كېيىنچە ئۇلارنى جامائەتتىكى «ئاقساقال» ياكى «يېتەكچى» دەپ بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. پاۋلۇس تېسالونىكادىكى جامائەتتە تېخى ئاقساقاللارنى بېكىتمىگەنىدى.\f* \v 14 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار. \f □ \fr 5:14 \ft \+bd «...ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار»\+bd* ــ «ئاجىزلار» بەلكىم روھىي ھەم جىسمانىي تەرەپلەردە بولغان ئاجىزلارنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 15 ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار.\x + \xo 5:15 \xt لاۋ. 19‏:18؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ مات. 5‏:39؛ رىم. 12‏:17؛ 1كور. 6‏:7؛ 1پېت. 3‏:9. \x* \m \v 16 ھەردائىم شادلىنىڭلار. \x + \xo 5:16 \xt مات. 5‏:12؛ لۇقا 10‏:20؛ رىم. 12‏:12؛ فىل. 4‏:4. \x* \v 17 توختىماي دۇئا قىلىڭلار. \x + \xo 5:17 \xt لۇقا 18‏:1؛ رىم. 12‏:12؛ كول. 4‏:2. \x* \v 18 ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. \x + \xo 5:18 \xt ئ‍ەف. 5‏:20. \x* \v 19 روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. \f □ \fr 5:19 \ft \+bd «روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «روھنى ئۆچۈرمەڭلار». «روھ» مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. «مۇقەددەس روھنىڭ ئوتى» ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە ياخشىلىق قىلىشقا ياكى بولۇپمۇ مەلۇم بىر روھىي ئىلتىپاتنى بىلدۈرۈشكە كۈچلۈك ئىلھام پەيدا قىلغان بولسا ئۇنى «ئۆچۈرۈش»كە بولمايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم بېشارەت بېرىش ياكى باشقا مۆجىزىلىك ئىلتىپاتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ كېيىنكى ئايەت بىلەن مۇناسۋىتى بار.\f*  \x + \xo 5:19 \xt 1كور. 14‏:30. \x* \v 20 ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار؛\f □ \fr 5:20 \ft \+bd «ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پەيغەمبەرلىك سۆزلەر». «روھىي ئىلتىپاتلار» توغرۇلۇق «كورىنتلىقلارغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 21 ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ \add قولدىن بەرمەڭلار\add*. \x + \xo 5:21 \xt 1يۇھ. 4‏:1. \x* \v 22 يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار.\f □ \fr 5:22 \ft \+bd «يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار»\+bd* ــ «يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلى» يامانلىقنىڭ ھەر خىللىقلىقىنى ھەمدە يامان ئىشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېتىقادچىلار ھەتتا «يامان ئىشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان» ئىشتىمۇ بولماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈشىگە توغرا كېلىدۇ.\f*  \x + \xo 5:22 \xt فىل. 4‏:8. \x* \m \v 23 خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. \f □ \fr 5:23 \ft \+bd «خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.\f*  \x + \xo 5:23 \xt 1كور. 1‏:8؛ فىل. 4‏:9؛ 1تېس. 3‏:13. \x* \v 24 سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ. \f □ \fr 5:24 \ft \+bd «سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ»\+bd* ــ «سىلەرنى چاقىرغۇچى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:24 \xt 1كور. 1‏:9؛ 10‏:13؛ 2كور. 1‏:18؛ 2تېـس. 3‏:3. \x* \v 25 قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. \v 26 ھەممە قېرىنداشلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. \x + \xo 5:26 \xt رىم. 16‏:16؛ 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1پېت. 5‏:14. \x* \v 27 مەن رەبدە سىلەرگە شۇنى جىددىي تاپىلايمەنكى، بۇ خەتنى \add شۇ يەردىكى\add* ھەممە مۇقەددەس قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىڭلار! \v 28 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!